سىز بۇ تېمىنىڭ 1175 - ئوقۇرمىنى
تېما: چىدىساڭ ياشا !
پۈتۈن ئالقىشلار پەقەت ساڭىلا خ
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 9210
جەۋھەر: 0
يازما: 72
شۆھرەت: 174 نۇمۇر
پۇل: 99173 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 30(سائەت)
تىزىملاش: 2011-06-26
ئاخىرقى: 2011-09-10
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-31 00:49

چىدىساڭ ياشا !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مۇنبەردىكى بارلىق ئاكا-ئىنە قىرىنداشلار،ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا ئامەت،بەخىت سائەدەتلەرنىڭ يار بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن.
بەلكىم بۇنداق تىما قويسام ھەيران بولغانسىلەر،بىراق مەن ئويلايمەن،بۇ تىمىنى كۆرگەن ھەربىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر پوتپولچىلىقى ۋە مۇنبەر تەرەققىياتىغا چوقۇم توھپە قوشالايدۇ.
2011\2012-يىللىق ھەر قايسى بىرلەشمە مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا ھەم ھەر قايسى كوماندا ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىلان قىلىنماقتا.بىراق كونا خۇيىمىز يەنىلا تۈگىگىنى يوق.بۇ دىگىنىم مەستانىلەر ئارىسىدىكى مەۋھۇم جىدەل.
بۇ ھەققىدە مۇنبەر باشلىقلىرى،مۇنبەر ئەزالىرى كۆپ تەكلىپلەنى بەرگەن بولسىمۇ،بىز يەنىلا كونا سەنەمگە دەسساۋاتىمىز.بىرسىمىز بارسلونانىڭ،يەنە بىرسىمىز خان مادرىتنىڭ،يەنە بىرسىمىز .......كۇلۇپلارنىڭ مەستانىسى.بۇ ناھايىتى نورمال ئىش.مەلۇم بىر كوماندىنى ياخشى كۆرۈش،ئۇنى قوللاش----بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز.ئەمما بىر كوماندىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان كوماندىنى ئۆش كۆرۈش،ھاقارەتلەش،تىللاش،سۆكۆش،مەسخىرە قىلىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەر پەقەت بىزنىڭ ناھايىتى نادان،ساپاسىزلىقىمىزدىن دىرەك بىرىدۇ،خالاس.
‹‹توپ› ›دىگەن يۇمىلاق،تەپكەن توپنىڭ ھەممىسى كىرىۋەرمەيدۇ،مۇسابىقە دىگەندىمۇ ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش بوپ تۇرىدۇ،بۇ بىر قىل سىغماس ھەقىقەت.بۈگۈن ئۇتتى،ئۇنىڭ ئەتە ئۇتىشى ناتايىن،بۈگۈن ئۇتتۇردى،ئۇنىڭ ئەتە يەنە ئۇتتۇرىشىمۇ ناتايىن،كىم بىلىدۇ،بۈگۈن كۆتەك بولغان كوماندا ئەتە چىمپىيون بولامدۇ تىخى،بۇنى بەندە بىلمەيدۇ.
ئابىيام تىخى زەردار كۇلۇبلارغا ئائىت تىمىلارنى كۆرۈپ قالدىم،تىمىنى كۆرۈپ بولۇپ ئىنكاسقا قارىسام،مەستانىلەر ئارىسىدا جىدەل يۇقىرى پەللىگە چىقىپتۇ،توۋا،تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن،بىز ئاجايىپكەنمىز،ئاشۇ بىر يات مىللەتنى،ئاشۇ بىر يات كۇلۇبنى،كۆز بىلەن كۆرۈپمۇ باقمىغان،رەسىمدە كۆرۈپ ئاشىق بولغان چولپانلارنى دەپ ئۆزىمىزنىڭ مىللىتىنى ھاقارەت قىلىدىكەنمىز،ھەر بىرىمىز دەپ باقايلى،بۇ خىل ھالەت مۇنبەردە بارمۇ يوق؟
سىزسىزمۇ ئۇ كوماندىلار ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىپ كىتەلەيدۇ،سىزنىڭ يات بىرسىنى دەپ قان قىرىندىشىڭىزنى چۈشۈرگىنىگىز ھاجەتسىز،بىلىپ قويۇڭ،ئۇ ئەڭ تىتىقسىزلىق،ئەڭ لاۋزىلىق.
بىز ئۆز ئەتراپىمىزدىكىلەرنى قەدىرلىمەيمىز،مەيلى ئۇ قايسى ساھەدىن بولسۇن،بىز ئۇنىڭ ھەقدار ئىگىسى تۇرۇپ،ئۇنىڭ قەدرىنى قىلمايمىز،ئەمما باشقا بىر مىللەتكە تەۋە بولغان نەرسىنى بەكرەك قەدىرلەيمىز.بۇنىڭغا مىسال كەتمەيدۇ.
‹‹ئىنكاس››دىگەن نىمە بىلەمسىز ؟ ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى شۇ تىمىغا نىسپەتەن سىزدە بولغان كۆز قاراش،تەكلىپ-پىكىر.ئەمما كۆز ئالدىمىزدىچۇ ؟ئۇ ئىنكاسلارنى نىمە دەپ چۈشىنىمىز ؟ سىزنى ئىنكاس ياز دەپ بىرسى بۇيرۇق قىلغىنى يوق،تىمىنى كۆرۈپ باشقىچە ئويلىغىنىغىنىڭىز بولمىسا ئىنكاس يازماي چىكەتسىڭىزمۇ بولىدۇ،لاۋزا،تىتىقسىز،چاقچاق،گەپ سۆزلەرنى قىلىپ مۇنبەر كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىشىگىزنى ھىچكىم خالىمايمىز،مۇنداق لاۋزىلىقتىن ئەمدى ساقلىنايلى.
بۇ قىتىم سىز ياخشى كۆرگەن كوماندا مەغلۇپ بولدى،بىراق ھىچقىسى يوق،قارشى كوماندىنى تىللىسىڭىزمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،قارشى تەرەپنى تەبرىكلسىڭىزمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،سىزچە قانداق ئۆتۈپ كەتسە ياخشى،قىنى دەپ بىقىڭە .........
ئەگەر قارشى تەرەپنى ماختاپ،تەبرىكلەپ قويسىڭىز،ئۇمۇ خوشال،سىزمۇ خوشال،مۇنبەرمۇ خوشال،بۇ نىمىدىگەن ياخشى كەيپىيات ھە.
ئاخىرىدا كەڭ مۇنبەر ئەھلىگە دەيدىغىىنىم،يۇقارقى سۆزلەرنى ئىسىمىزدە چىڭ تۇتايلى،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر پوتپولچىلىقى،مۇنبەر تەرەققىياتى،جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈندۇر.ئەگەر تومۇرىدا ئىقىۋاتقاننى ئۇيغۇرنىڭ قىنى دەپ ھىساپلىمايدىغان مۇناپىقلار بولسا،ئۇلارغا روخسەت،چۈنكى ئۇلار بىزگە تەۋە ئەمەس.
شۇنداقلا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرنىڭمۇ بۇ ئىشقا يۈكسەك قاراپ،خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشنى كۈچەيتىشىنى،ئەزالىق سالايىتىنى ئىلىپ تاشلىشىنى ھەم بۇ ئارقىلىق ياخشى بىر مۇنبەر قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئىسىمىزدە بولسۇن،
بىزگە تەئەللۇقى ------- ئۇيغۇر پوتپولچىلىقى،ئۇيغۇر چولپانلىرى




بۇ پىكىرنى قوللايدىغان قىرىنداشلىرىمنىڭ ئىنكاس شەكلىدە خەت قالدۇرۇپ قويۇشىنى،ئۈزىنىڭمۇ ئويلىغانلىرىنىمۇ يىزىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئۇيغۇرۇم،ئالغا...........!
بىز باش ئەگمەيمىز.....
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 783
جەۋھەر: 3
يازما: 6712
شۆھرەت: 7199 نۇمۇر
پۇل: 102281 سوم
تۆھپە: 98 نۇمۇر
ياخشى باھا: 180 نۇمۇر
توردا: 3019(سائەت)
تىزىملاش: 2007-10-18
ئاخىرقى: 2011-09-12
1  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-31 01:40

قارشى تەرەپنى ماختىغىنى بۇلمايدۇ..دۈشمەننى چۇقۇم تىللاش  كىرەك، سۈكۈش كىرەك  بۇ دىگەن ئۇرۇش  ...ئامېركىنىڭ داڭلىق جەڭگاھ  زۇڭتۇڭى ئىزىنخاۋىر شۇنداق دەپتىكەن
ياخشى  گەپ  بوپتۇ مەن ئىككى قۇلۇمنى تەڭ كۈتۈرۈپ ماۋۇ مۇنبەرداشنىڭ پىكىرىنى قۇللايمەن.
ئىناق مۇنبەر كەيپىياتى يارتايلى ھە  قىرىنداشلار........مەن مۇنبەرگە  كىرگەن  ياقى مۇشۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق تىمىدىن 20سى يۇللىنىپ بۇلدىغۇ دەيمەن.يەنە ئۇڭ قۇلاقتىن چىرىپ سۇل قۇلاقتىن چىقىپ كىتىدۇ بۇ گەپلەر...
تىما ئىسمى بىلەن مەزمۇن سەل باغلاشماي قالدىمۇ بۇرادەر....مەزمۇن ياخشى بوپتۇ تىما ئىسمى سەل ماس كەلمىگەن چىراي ...
سۈيىمەن سىنى ئۇيغۇر....