Prestan Seltenet
ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈش
پرېستان سەلتەنەت ئۇسلۇبى ھەقسىز تارقىتىلدى، بلوگىڭىزغا قاچىلاپ ئۇسلۇبنىڭ پەيزىنى سۈرۈڭ!
- ئۇسلۇب ئىقتىدارلىرى
- قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش
- سۇئال-جاۋاب
-
ھەقسىز نەشر يېڭىلاش
مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ نەشرى قەرەلسىز يېڭىلىنىپ، ئىقتىدارى مۇكەممەللەشتۈرىلىدۇ. ۋاقتىدا يېڭىلاپ بەھۇزۇر ئىشلەتكەيسىز.
-
يازما مۇندەرىجىسى
يازما بېتىدە، يازمىلاردىكى h3 خەتكۈچىنى ئاپتوماتلىق يازما مۇندەرىجىسى قىلىپ ئالىدۇ، ئەگەر h3 خەتكۈچى بولمىسا مۇندەرىجە بولمايدۇ.
-
سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت
مەزكۇر ئۇسلۇبنى سىز ھەقسىز ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىزگە تېخنىكىلىق ياردەم كېرەك بولسا ھەقلىق مۇلازىمەت قىلسام بولىدۇ، مۇلازىمەت پەقەتلا مەزكۇر ئۇسلۇب بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
-
ئاددىي ئازادە لايىھە
پرېستان سەلتەنەت ئۇسلۇبى يېشىل ۋە ئاق رەڭنى ئاساس قىلىندى، كىشىگە ئەركىن ئازادە تۇيغۇ بېرىدۇ.
-
مۇكەممەل يان بۆلەك
يان بۆلەكتە يازما تۈرلىرى، يېڭى يازمىلار، كۆپ كۆرۈلگەن يازمىلار، يېڭى ئىنكاسلار، ئاكتىپ ئوقۇرمەنلەر، رەڭلىك خەتكۈچلەر ۋە ئۇلىنىشلار بار.
-
يازما چوقىلاش
سىز ئۆزىڭىز خالىغان يازمىلىرىڭىزنى چوقىلاپ تېخىمۇ كۆپ كىشلەردىن خەۋەردار قىلالايسىز.
-
باشقۇرۇش تاختىسىغا كىرىش
بلوگ سول ئۈستى تەرەپكە باشقۇرۇش تاختىسىغا كىرىش رايونى ياسالدى. يازما بېتىدە يازما تەھرىرلەش كۇنۇپكىسى كۆرۈنۈپ، يازما تەھرىرلىيەلەيسىز.
-
ئېلان ئورنى
مەزكۇر ئۇسلۇبدا ئۈچ ئورۇنغا ئېلان ئورۇنلاشتۇرۇلغان، سىز باشقۇرۇش تاختىسىدىن ئۆزىڭىز خالىغانچە ئېلان قوشالايسىز، قولايلىق ھەم ئاددىي.
-
مۇكەممەل باشقۇرۇش تاختىسى
مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ يادرولۇق قىسىمى باشقۇرۇش تاختىسى بولۇپ، كىچىك قوراللار، ئېلانلار ۋە بىر قىسىم تەڭشەشلەرنى بىمالال ئېلىپ بارالايسىز.
-
ئىنكاس رايونى
ئىنكاسقا ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارى قىستۇرمىسىز ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئىنكاسى ئالاھىدە پەرقلىق تۇرىدۇ.
-
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، كۆرسىتىپ بەرگەندە ئاۋال خەتكۈچ ئوخشاش يازمىلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئاندىن كېيىن ئىختىيارى يازمىلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
-
ھەمبەھىرلىنىش ئىقتىدارى
مىكروبلوگ، گۈدۈك، ئۇلانما قاتارلىق بىر قانچە تور بەتلەرگە ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى قېتىلدى، سىز ئارقا سۇپىدىن قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
-
باش سۈرئەتنى ئالدىن چۈشۈرۈش
تورداشلار E-mail ئادرېسىنى كىرگۈزگەن ھامان، يان تەرەپتە gravatar باش سۈر رەسىمىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
-
Ajax ئىنكاس
تورداشلارغا باھا يوللاشنىڭ نەقەدەر تېز ۋە ئاددىي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ ھەم يوللاپ بولغان باھاسىنى قايتا تەھرىرلەشكە يوق قويىدۇ.
-
چىراي ئىپادىسى
ئىنكاس يازغاندا چىراي ئىپادىسىنى قوشۇش قوشماسلىقنى ئۆزىڭىز بەلگىلىيەلەيسىز.
-
ئاكتىپ ئوقۇرمەنلەر تېمى
كۆپ ئىنكاس يازغان تورداشلارنىڭ باش رەسىمى بلوگىڭىزنىڭ يان تەرىپىدە كۆرۈنۈپ، بلوگىڭىزغا رەڭدار تۈس قوشىدۇ.
-
ئاپتور ۋە بلوگ ھەققىدە
بلوگ ئاستى قىسمىغا ئۆزىڭىز ۋە بلوگىڭىز ھەققىدە بىرقانچە ئېغىز پاساھەتلىك سۆزلەرنى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە يازمايمەن دېسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ، ئەممە ئارقا سۇپىدىن تاقاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
-
ICP قوشۇش
ئۇسلۇب باشقۇرۇش تاختىسىدىنلار بلوگىڭىزنىڭ ICP سىنى قوشالايسىز، كود ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز.
-
توركۆرگۈلەر ماسلىشىشچانلىقى
IE8, Chrome, Firefoxk قاتارلىق ئاساسلىق توركۆرگۈلەردە نورمال ئىشلەيدۇ، IE6 ئۈچۈن تەڭشەلمىدى، تورداشلارنىڭ IE6 دىن تېزراق قول ئۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
-
ئۇسلۇب SEO ھەققىدە
مەزكۇر ئۇسلۇبقا تۆۋەن دەرىجىدە SEO ئويناپ قويۇلغان، ئارقا سۇپىدىن «ئاچقۇچلۇق سۆز» ۋە «تەسۋىر سۆز» نى كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.
Prestan Seltenet ئۇسلۇبىنى قاچىلاش:
- Prestan Seltenet ئۇسلۇبىنى توردىن چۈشۈرۈپ، تۆۋەندىكى باسقۇچ بويىچە ئىش باشلايسىز: باشقۇرۇش تاختىسىدىن «كۆرۈنۈش» - «باشتېمىلار» - «باشتېما قاچىلاش» -«يۈكلەش» ۋە «قوزغۇتۇش».
Prestan Seltenet ئۇسلۇبىنى تەڭشەش
- Prestan Seltenet ئۇسلۇبىنى قاچىلاپ بولۇپ، تۆۋەندىكى باسقۇچ بويىچە ئىش باشلايسىز: باشقۇرۇش تاختىسىدىن «كۆرۈنۈش» - «ئۇسلۇب تەڭشەش» بېتىگە كىرىپ كۆرسەتمە بويىچە تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
Prestan Seltenet ئۇسلۇبىغا كېرەكلىك قىستۇرما:
- زىيارەت قېتىم سانىنى سىتاستىكىلاش قىستۇرمىسىنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، قىستۇرما نامى:wp-postviews
- wordpress باشقۇرۇش تاختىسىنىڭ خېتىنى گۈزەللەشتۈرۈش قىستۇرمىسى WP-beFont (تورخۇمارنىڭ ئاپتورى تەدبىركار ياسىغان)