-
2010-07-22
دەرسخانىدىكى تۆۋەندىكى ھالقىلارنى سىز ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ - [تەسىرات]
1. ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئەستە تۇتىۋىلىڭ
ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلىگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى تولۇق بىلسە ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى سۇئاللارغا جاۋاب بىرىشكە چاقىرغاندا بىۋاستە ئۇلارنىڭ ئىسىمىنى چاقىرسا، ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ مۇئەللىم تەرپىدىن ھۆرمەتلەنگەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ، ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئىشەنچ تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، ئوقۇتقۇچىدىن مىھرىبانلىقنى ھىس قىلىدۇ، بۇنداق شارائىتتا ئىلىپ بىرىلغان دەرسنىڭ ئۈنۈمى كۆپۈنچە ھالدا ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى تىزدىن بىلىۋالاي دىسىڭىز، ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇن تەرتىپى تىزىلغان جەدىۋەلنى دەرس سۆزلىگەندە شىرە ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى چاقىرىڭ، بۇ سىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى تىزدىن ئەستە قالدۇرۇشىڭىزغا، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى چۈشىنىشىڭىزگە پايدىلىق.
مەن ئىلگىرى بۇ مەسىلە ئۈستىدە خىلى ئويلانغان، ھەم بەزى سىناقلارنىمۇ قىلىپ خىلى ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشكەن.
1. ئالدى بىلەن شۇ سىنىپنىڭ سىنىپ ھەيئەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ، ھەر قىتىم دەرسكە كىرگەندە، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ئىسمىنى چاقىراتتىم، دەسلەپتە ھەر سائەتلىك دەرستە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىر قانچە قىتىم چاقىرىپ، پىششىق ئىگىلەپ بولغاندىن كىيىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ئۇلار بىلەن تۇنۇشۇشنى باشلايتىم. دىمەك بىر سائەتلىك دەرستە 3-4 ئوقۇغىچى بىلەن تونۇشسام، بىر ئىككى ئاي ئىچىدىلا شۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى تولۇق ئەستە قالدۇرالايتىم.
2. دەم ئىلىش ۋاقىتلىرى، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەردە كۆپرەك ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتكە قاتنىشىش، ئۇلار بىلەن ئايرىم سىردىشىش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى تىزدىن ئەستە قالدۇراتتىم.
ئاڭلىسام بۇجەھەتتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بەزى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىراپفىسورلىرى مەخسۇس تەتقىق ئىلىپ بارىدىكەن. قىنى سىزمۇ بۇھەقتە ئىزدىنىپ باقامسىز؟
2. دەرستىن ئىلگىرى «كۆڭۈلدە سان بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
دەرس تەيياارلىغان ۋاقىتتا مەسىلىلەرنى تولۇق ئويلاش ۋە دەرسنى ئەتىراپلىق پىلانلاش بولمايدىكەن، بۇنداق دەرستىن ياخشى ئۈنۈم قازانغىلى بولمايدۇ.
بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلىغاندا، دەرسنى پەقەت تەتييارلاش ئۈچۈنلا تەييارلايدۇ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن دەرس تەييارلايدۇ، بۇنداق ئىككى خىل نوقتىنى چىقىش قىلىپ تەييارلانغان دەرستىن ئىرىشىدىغان ئۈنۈم ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا دەرستىن ئىلگرى مىنىڭچە دەرسىنى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىمەن دىگەن ئوقۇتقۇچى دەرستىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى ئىشلارغا ياخشى تەييارلىق قىلىشى كىرەك:
1. دەرس ئۆلچىمىنى تولۇق چۈشىنىپ، بۇ پەن ئوقۇتۇشىنىڭ ئومومىي تەلەپ نىشانلىرىنى تولۇق ئىگىلەش لازىم.
2. دەرس ئۆلچىمىدە ھەر قايسى باپ، پاراگىرافلار توغرىسىدا قانداق تەلەپ ۋە تەكلىپ بىرىلگەنلىكىنى، ھەر قايسى بولەكلەردىكى مۇھىم نوقتا، قيىن نوقتىلار قايسى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىگىلەش لازىم.
3. دەرسلىك كىتاپتىكى مەزمۇنلارنى تولۇق ئىگىلەش بىلەن بىرگە، بىر مەۋسۈم ياكى بىر ئوقۇش يىلىدا شۇ پەن ئوقۇتۇشىدا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى قاندا نىشانغا يەتكۈزۈش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى قانداق تەلەپ كە يەتكۈزۈش، بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق دەرس بايلىقلىرىنى توپلاش ۋە ئىچىش، قانداق ۋاستىلارنى قوللۇنۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى پىلان قىلىش كىرەك.
4. ھەر سائەتلىك دەرسنى ئوقوغۇچىلارنىڭ قانداق قىلغاندا ئاسان، ئۈنۈملۈك ئۆگىنەلەيدىغانلىقىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ لايىھىلەش كىرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەرس جەريانىدا كۈتۈلمىگەن مەسىلىلەر بولسا قانداق قىلىش كىرەك دىگەننى تولۇق ئويلىشىش كىرەك.
5. دەرس لايىھىسىنى يېزىقچە تۈزۈش بىلەن بىرگە، مىڭىدىمۇ تەييارلىق كۆرۈپ قۇيۇشنى، يەنى شۇ سائەتلىك دەرسكە كىرگىچە داۋاملىق مىڭىمىزدە تەييارلىقنى ياخشى قىلىشىمىز كىرەك.
قىنى سىزمۇ ئويلىنىپ بىقىڭ، سىناب بقىڭ!
3. دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چىلىنىشتىن بىر ئىككى مىنۇت بۇرۇن سىنىپقا كىرىپ بولۇڭ.
ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چىلىنىشتىن بۇرۇن سىنىپقا كىرىشى ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسنى باشلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىۋىلىشىغا پايدىلىق. ئىسىڭىزدە بولسۇن، دەرسنى ھەرگىزمۇ ئوقۇغۇچىلار قالايمىقان ۋاقىرىشىپ، يۈگۈرىشىپ تۇرغان شارائىتتا تەييارلىقسىزلا باشلىماڭ. بۇنداق بولغاندا دەرسنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇشقا تەسىر يىتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسكە بۇرۇنراق كىرىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئارسىدىكى ھىسىياتنى تەڭشەشكە پايدىلىق.
4. دەرس بىشىدىكى ئۈچ مىنۇت ۋاقىتتىن ئوبدان پايدىلىنىڭ
دەرس ئارلىقىدىكى دەم ئىلىش ئاياقلىشىپ، يېڭى ىبىر سائەتلىك دەرس باشلانغاندىن كىيىن، ئوقۇتقۇچى دەرھال بالىلارنى تىنچلاندۇرۇپ، «ئەقىل گىمناستىكىسى» نى باشلاش كىرەك. ئوقۇتقۇچى ئەڭ ياخشى ئوقۇتۇش مۇھىتىنى بەرپا قىلىش ماھارىتىنى ئىگىلەپ، دەرس بىشىدىكى 3 مىنۇت ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوقوغۇچىلارغا بۇ سائەتلىك دەرسكە قارىتا كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا قىلالىغاندىلا، شۇ سائەتلىك دەرس ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىق ئۆگىنىش ئىھتىياجىغا ئايلىنالايدۇ.
5. بىرىنچى تەسىر ئىنتايىن مۇھىم.
تۇنجى سائەتلىك دەرسنىڭ باشلىنىش قىسىمىدىكى سۆزلىرىڭىز قىزىقارلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىنى ئۇرغىتالايدىغان بولىدىكەن؛ دوسكىغا يازغان تۇنجى خىتىڭىزدىن ئوقۇغۇچىلار ھوزۇرلىنالايدىكەن؛ تۇنجى قىتىملىق دىكلىماتسىيىڭىز ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدىكەن؛ مول ھىسىياتقا تولغان چىراي ۋە ھەركەت ئىپادىڭىز ئۇقوغۇچىلارنى جەلىپ قىلالايدىكەن؛ دەل جايىغا كەلتۈرۈپ ئىيتقان يۇمۇرىڭىز بالىلارنى تازا كۈلدىرەلەيدىكەن؛ چوڭقۇر مىھرى مۇھەببەتكە تولغان ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىشىنى سىلاپ قۇيۇشىڭىزدىن ئوقۇغۇچى چەكسىز يىقىنلىق ھىس قىلالايدىكەن؛ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىڭىزنى ئوقۇغۇچىلار قىزىقارلىق ھىس قىلىپ دەرسكە پۈتۈن زىھنى بىلەن ئاكتىپ قاتنىشالايدىكەن دىمەك سىز غەلبە قىلغان بولىسىز. تۇنجى قىتىم شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، بۇندىن كىيىنمۇ سىز داۋاملىق شۇنداق قىلالايدىكەنسىز، سىز مۇتلەق غەلبە قىلغان بولىسىز.
ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇنجى سائەتلىك دەرىسى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئارلىقنى يىقىنلاشتۇرىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ دەرسكە بولغان قىزىقىشىنى يىتىلدۈرىشى كىرەك. ئوقۇغۇچىدا قىزىقىش بولىدىكەن، ئوقۇتقۇچىنىڭ كىيىنكى ئوقۇتۇشى ئوڭۇشلۇق، مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشى تۇرغانلا گەپ.
收藏到:Del.icio.us