• 2010-07-22

    چەتئەل مائارىپىدىن تەسىرات - [بالىلار مائارىپى]

    چەتئەل مائارىپىدىن تەسىرات

    نەزىرىيە مائارىپى بىلەن سىلىشتۇرغاندا ئەمەلىيەت مائارىپى تىخىمۇ ئوبرازلىق بولىدۇ ھەم بالىلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغىمۇ ئاسان بولىدۇ. شىۋىتسىيىنىڭ ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەبىئەتنى، تۇرمۇشنى، ئىنسانىيەتنى قىزغىن سۆيۈش تەربىيىسى ئىلىپ بىرىش ئۇسۇلى بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

    بالىلار مائارىپشۇناسلىرىنىڭ قارىشىچە بالىلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك، مىڭىش تۇرۇش، كىيىنىش...... ھەممىسى بالىلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تەربىيىگە تەۋە ئىكەن. بالىلارغا بولغان تەربىيە ئادەتتە تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىللىرىغا سىڭىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ھەرخىل مەكتەپ تەربىيىسى ۋە ساپا مائارىپى بىلەن سىلىشتۇرغاندا، غەيرى ئەقلى ئىقتىدار ئامىلىغا تەۋە بولغان پىسخىك پەزىلەت، مۇكەممەل بولغان كىشىلىك قەدىر قىممەت جەھەتتىكى كەمتۈكلىك بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مائارىپىمىزدا سەل قاراشقا بولمايدىغان زور مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. تۆۋەندە بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان چەتئەل مائارىپىدىكى بەش جەھەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.

    بالىلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يىتىلدۈرىش

    1920-يىلى ئامىرىكىلىق 11 ياشلىق بىر بالا پۇتبول ئويناۋىتىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن خوشنىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئەينىكىنى چىقىۋىتىدۇ، خوشنىسى بۇنىڭ ئۈچۈن 12.5 دوللار تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بالا ئاتىسىدىن خاتا قىلغانلىقى توغرىسىدا ئەپۇ سورىغاندىن كىيىن، دادىسى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىغا مەسئۇل بولۇشنى ئىيتىدۇ. قىسىنچىلىقتا قالغان بالا:-دادا، مەندە تۆلەپ بەرگىدەك پۇلۇم يوق-دەيدۇ. دادا:-ئۇنداق بولسا مەن ئاۋال ساڭا 12.5 دوللارنى قەرىز بىرىپ تۇراي، بىر يىلدىن كىيىن ماڭا چوقۇم قايتۇرۇپ بىرىشىڭ كىرەك-دەيدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ بالا ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئىلىش كۈنلىرى، تەتىل ۋاقىتلىرىدىن پايدىىلىنىپ، سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ. يىرىم يىلدىن كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرىسىتىش ئارقىلىق بۇ بالا ئاخىرى12.5 دوللار پۇل تىپىپ دادىسىغا ئالغان قەرىزنى تولۇق قايتۇرىدۇ. بۇ بالا دەل چوڭ بولۇپ ئامىرىكىنىڭ پىرىزىدىنتى بولغان رىگاندىن ئىبارەت. ئۇ بالىلىق چىغىدىكى بۇ ئىشنى ئەسلىگىنىدە بۇنداق دەيدۇ.-ئۆزەمنىڭ ئەمگىگىم ئارقىلىق ئۆزۈم ئۆتكۈزگەن خاتالىقنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئىلىشىم، ماڭا نىمىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ئۆگەتتى.

    ئاتا ئانىلار بالىلىرىمىزنى تەربىيلىگەندە، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھەركىتىگە مەسئۇل بولىشىنى تەلەپ قىلىشىمىز ۋە شۇنىڭغا ئادەتلەندۈرىشىمىز لازىم. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ھەممە ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىۋالماسلىقىمىز لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن، بالىلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ.

    تىتىك ئوغۇلنىڭ ئالغا بىسىشى

    ئىدىسون كىچىك ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى «دۆت» ئوقوغۇچى دەپ قارايدىكەن. ئەمما ئىدىسوننىڭ ئانىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ بالامنى «دۆت» دەپ قارىغانلىقى، ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ دەپ قاراپ، بالىسىنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كىتىپ، بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا خاس ھالدا ئۆزى تەربىيلەيدۇ، تۈرلۈك ئاماللارنى قىلىپ، بالىسىنىڭ تۈرلۈك تەجىرىبىلەرنى ئىشلىشىگە ئىلھام بىرىدۇ. ئىدىسوننىڭ چوڭ بولغاندىن كىيىن دۇنياغا مەشھۇر بۈيۈك كەشپىياتچى، ئۇلۇق ئالىم بولۇپ چىقىشىنى ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تەربىيىسى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىلھام بىرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

    ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان ئۈمىدىنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى ناھايىتى زور بولىدۇ. پىسخولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان ئۈمىدى قانچە كۇچلۈك بولسا، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقلى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ماس ھالدا يۇقۇرى بولىدىكەن.

    بالىلارنىڭ تالانت ئىگىسى بولۇشتىكى يوشۇرۇن سەزگۈرلۈكنى بايقاش

    19-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ماتېماتىك، فېزىكا ئالىمى ماكىسۋېي كىچىك ۋاقتىدا، بىر قىتىم ئۇنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا لىق گۈل تىزىلغان بىر لوڭقىنى سىزىپ چىقىشنى بۇيرىيدۇ. ماكىسۋېي سىزىپ بولغاندىن كىيىن، دادىسى ئۇنىڭ سىزغانلىرىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ماكىسۋېي قەغەزگە پۈتۈنلەي گىئومىتىرىيىلىك شەكىللەرنى سىزىۋەتكەن ئىدى. لوڭقىنى شوتىغا، گۈللەرنى كىچىك چەمبىرەكچىلەرگە ئوخشىتىپ قويغان بولۇپ، يەنە نۇرغۇنلىغان ئۈچبۇلۇڭلارمۇ بار ئىدى، بۇ بەلكىم گۈللەرنىڭ يوپۇرماقلىرىغا ئوخشىتىلغان بولىشى مۈمكىن ئىدى. دادا بالىسىنىڭ سىزغان رەسىمىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتكەندىن كىيىن، ئۆز ئوغلىنىڭ ماتېماتىكىغا سىزىمىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا گىئومىتىرىيە ئۆگىتىشكە باشلايدۇ. كىيىن ئۇنىڭغا يەنە ئالگىبرا ئۆگىتىدۇ. دەرۋەقە، ئۇزۇن ئۆتمەي، ماكسىۋېي ماتېماتىكا جەھەتتە ئۆزىدىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك تالانتىنى نامايەن قىلىدۇ.

    ئومومەن نۇرمال ئۆسۈپ يىتىلگەن بالىلار ئادەتتە بەش ئالتە ياشقا كىرگەندە، مەلۇم جەھەتتە ئۇلاردىكى ئالاھىدە سەزگۈرلىك ۋە كۈچلۈك قىزىقىش بايقىلىدۇ. ئاتا ئانىلار بالىلاردىكى مۇشۇ خىل سەزگۈرلىكنى ئۆز ۋاقتىدا بايقاپ، توغرا يىتەكلىيەلىسىلا، بالىلارنىڭ تەرەققىياتىغا داغدام يول ئىچىپ بىرەلەيدۇ.

    بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش ۋە چىنىقتۇرۇش

    گىرمانىيىدە، 6-10 ياشقىچە بولغان بالىلار ئاتا ئانىسىغا ياردەملىشىپ قازان-قۇمۇچ، قاچ-قۇچىلارنى يۇيۇپ، ئۆي تازىلاپ، نەرسە كىرەك سىتىۋالىدىكەن؛ 10-14 ياشلىق بالىلار ئاياقلىرىنى رىمۇنت قىلىش، چىم ئوراش قاتارلىق ئەمگەكلەرگە سىلىنىدىكەن. ئامىرىكىدا، 1 ياشلىق بالىلار ئاساسەن تامىقىنى ئۆزى يەيدىكەن، ئاتا ئانىلار بالىلارنى ئورۇندۇققا باغلاپ قويۇپ، تاماقنى ئۇلارنىڭ كىچىك ئۈستىلىگە قويۇپ قويىدىكەن، بالىلار ئارا، قوشۇقلارنى ئۆزى ئىشلىتىپ تاماقنى ئۆزى يەيدىكەن. ئاساسەن ئاتا ئانىلارنىڭ قولىغا تاماقنى ئىلىپ، بالىلىرىنى قوغلاپ يۈرۈپ تاماق يۈگىزىدىغان مەنزىرىلەرنى ئامىرىكىدا ئۇچىراتقىلى بولمايدىكەن. ئامىرىكا، ياپونىيە، ئەنگىلىيەنىڭ مائارىپ قانونىدا، بالىلارنىڭ ئەمگەك قىلىش ۋاقتى ئىنىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئائىلە ۋە مەكتەپنىڭ بالىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھوقوقىنى تارتىۋىلىش قاتتىق چەكلەنگەن.

    ھازىر ئاتا ئانىلار بالىلارغا ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش شارائىتىنى ھازىرلاپ بىرىۋاتىمىز، بۇ تاربىيىدىكى ھەدىدىن ئاشقان «قوغداش» خاھىشىنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بالىلارغا ئەمگەك تەربىيىسى ئىلىپ بىرىش، بالىلار كىچىگىدىن باشلاپ بەلگىلىك ئەمگەك مەشقىگە قاتنىش، بالىارنىڭ ئەمگەك قارىشى تىكلەش، ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئىلىش ئىقتىدارىنى تۇقۇرى كۆتىرىش، جاپاغا چىداش روھىنى يىتىلدۈرىش، ياخشى پىسخىكا ۋە ساغلام كىشىلىك غۇرۇر شەكىللەندۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان دەرستۇر.

    بالىلارنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق تەربىيلەش

    شىۋىتسىيىدە، 2 ياشتىن يۇقۇرى بولغان بالىلار يەسلىدە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەشقاللا» دىگەندەك سۆزلەرنى ئۆگەنگەندىن سىرت، ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى ئورمانلىقلارغا، باغچىلارغا ئاپىرىپ ئۆسۈملۈك ۋە ياۋا مىۋىلەرنىڭ ناملىرىنى ئۆگىتىدىكەن. يازدا، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى ھەر ھەپتىدە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئىككى كۈن ئورمانلىقلارغا ئاپىرىپ ئويناتنۇزىدىكەن ياكى تەجىرىبىلەرنى ئىشلەتكۈزىدىكەن. مەسىلەن، بالىلار يەرگە بىر نەچچە ئورەك كولاپ، سۇلىياۋ، قەغەز، ئەينەك، مىۋە شۆپىكى قاتارلىقلارنى ئايرىپ ئورەكلەرگە كۆمىدىكەن، بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن، بالىلار ئۆزلىرىنىڭ كۆمگەن نەرسىلىرىنى ئىچىپ، ئۇنىڭدا قانداق ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بولغانلىقىنى كۈزىتىدىكەن. بۇنىڭدىن بالىلار تۇپراقنىڭ قانداق ئەخلەتلەرنى چىرىتىپ ھەزىم قىلالايدىغانلىقىنى تەبىي ھىس قىلىدىكەن. ئەينەك قاتارلىق نەرسىلەرنى يەرگە كۆمۈپ قويسا، ئۇنىڭ تۇپراقتا چىرىمايدىغانلىقىنى، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ پۇتىنى كىسىۋىتىپ زەخمىلەندۈرىدىغانلىقىنى، قۇياش نۇرىنىڭ ئەينەكتىن قايتىپ ئوت ھاسىل قىلىپ ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا چۈشەندۈرىدىكەن. شىۋىتسىيىنىىڭ مۇھىت تازلىقىنىڭ شۇنداق ياخشى بولىشى، بالىلارنىڭ كىچىگدىنلا مۇشۇنداق ئەمەلىيەت ئارقىلىق كەچۈرمۈشلۈك تەربىيە ئالغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك.

    分享到: