• 2010-07-26

    ئوقۇتۇشتىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىشنى قانداق يېزىش كىرەك - [تەسىرات]

    مەن بىر قانچە قتىم ئاساسىي قاتلامدىكى مەكتەپلەرگە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشكە چۈشۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش لايىھىسىنى ناھايىتى ياخشى تۈزگەن بولسىمۇ، دەرس ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن، شۇ سائەتلىك دەرستىن ئالغان ھاسىلاتلىرى، ساقلانغان مەسىلىلەر توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش قىلىشىتا ئانچە ئەستايىدىل بولمىغانلىقىنى، ھەم بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنىڭمۇ ئانچە چوڭقۇر ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتىم.

    بىر قىتىم شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىدا ئاپتۇنۇم رايۇن تەشكىللىگەن ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مىللىي ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇ تىلى دەرس ئۆلچىمى» مەملىكەت دەرىجىلىك تەربىيلەشكە قاتناشتىم. بۇ قىتىمقى تەربىيلەشتە خەلق نەشىرىياتىدىكى «خەنزۇ تىلى دەرس ئۆلچىمى» نى تۈزۈشكە قاتناشقان مۇتەخەسىسلەر لىكسىيە سۆزلىگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر مۇتەخەسىس «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش توغرىسىدىكى قايتا ئويلىنىش» دىگەن تىمىدا لىكسىيە سۆزلەپ، ئاخىرىدا كۇرسانتلارنى مۇھاكىمىگە ئۇيۇشتۇردى. مەن پىكىر قىلىپ: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەت نۇرمىسى ئىغىر، كۈندە دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، مەكتەپنىڭ ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلىرىنى قىلىش قاتارلىق ئىشلار ھىلىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ئالدىرىتىپ قۇيۇۋاتىدۇ، بۇنداق شارائىتتا، يەنە ئوقۇتقۇچىلارغا ئوقۇتۇشتىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش يازىسەن دىسەك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئىشىپ كىتەمدۇ قانداق؟ دىدىم، شۇنداق دىيىشىمگىلا، باشقا كۇرسانتلار مىنىڭ پىكىرىمنى قوللىغاندەك قىلىپ، كۆپ ساندىكىلەر «شۇنداق، بۇنداق قىلسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئارتىپ كەتمەمدۇ!» دىيىشتى. لىكسىيە سۆزلىگەن ئوقۇتقۇچىمۇ بېيجىڭدىن كەلگەن بولغانلىقى، يۇرتىمىزنىڭ كونكېرت ئەھۋالىنى تازا چۈشەنمىگەنلىكىدىن بولسا كىرەك، ئازراق ئوڭايسىزلىنىپ، نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى. بۇ ۋاقىتتا كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ خەنزۇ تىل تەتقىقاتچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش يېزىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، ھەم كورلا شەھرىدىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىشنى يېزىشقا بەك ئەھمىيەت بىرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. شۇ ۋاقىتتا مەن «بۇلار نىمانداق ئاكتىپلىق قىلىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلىغان ئىدىم. لىكىن كىيىنچە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىزچىل ئويلاندىم ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرۈش، ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۆزەمنىڭ ئەينى چاغدا خاتا ئويدا بولغانلىقىمنى، ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچى بولسۇن ۋە ياكى باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بولسۇن، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئىش، خىزمەتلىرىدىن، ، ئۆزى ئۈستىدە داۋاملىق قايتا ئويلىنىش قىلىپ، تەسىراتلىرىدىن ئۆز ۋاقتىدا ئىز قالدۇرۇپ ماڭسا، ھەر قانداق شەخىسنىڭ ئۆز ھەركىتىنى تەڭشەپ، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.

    ئۇنداق بولسا ئوقۇتۇش توغرىسىدىكى قايتا ئويلىنىشنى قانداق يېزىش كىرەك؟

    ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئىيتقاندا، «ئوقۇتۇش توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش قىلىش» ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە قارىتا، ئاڭلىق ھالدا سوغۇق قانلىق بىلەن پىكىر يۈرگىزىش ۋە خۇلاسە ئىلىپ بىرىشدىن ئىبارەت.بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتىرىش، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر خىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش قىلىش ئارقىىق، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگىزىپ، تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقتۇش خىزمىتى جەريانىدا يولۇققان بىر قىسىم مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىش قىلالايدۇ ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ.ئۆزىگە داۋاملىق ئىنېرگىيە تولۇقلاپ، ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىر ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇشقا ئاساس سالالايدۇ. ئادىي قىلىپ ئىيتقاندا، ئوقۇتۇش ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشى، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش، تۇرمۇش توغرىسىدىكى قايتا ئويلىنىشتىن ئىبارەت.

    ئوقۇتۇش توغرىسىدىكى قايتا ئويلىنىشنى ياخشى يېزىش ئۈچۈن، مىنىڭچە تۆۋەندىكى بىر قانچە نوتىغا دىققەت قىلىش كىرەك:

    1. ئوقۇتقۇچى بولسۇن ياكى باشقا مائارىپ خىزمەتچىللىرى بولسۇن، ئوقۇتۇش توغرىسىدا قايتا ئويلىنىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ يىتىپ، ئۇنى بىر خىل يۈك دەپ قارىماستىن، بەلكى ئۆز ئۆزىنى سوراق قىلىش، ئۆز ھەركىتىنى تەڭشەش، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەيدەكچى دەپ قاراش كىرەك.

    2. ئوقۇتۇشتىكى مۇۋاپىقىيەتلىك تەرەپلەرنى يېزىش كىرەك. يەنى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئالدىن پىلان قىلىنغان ئوقۇتۇش نىشانىغا يېتىش، ئوقۇتۇشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا رول ئوينىغان ئۇسۇللارنى؛ ئوقۇتۇشتا ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تەڭشەش ئىلىپ بىرىشتىكى ئۇسۇللارنى؛ ئىنىق ۋە جانلىق باشقۇرۇلغان دوسكا لايىھىسىنى؛ مەلۈم يېڭى ئوقۇتۇش ئىدىيىسى ۋە ئۇسۇلىنى تەدبىقلاش جەريانى؛ پىداگوگىكا، پىسخولوگىيە جەھەتتىكى بىر قىسىم قائىدە پىرىنسىپلاردىن پايدىلانغاندىن كىيىنكى تەسىرات؛ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئۇسۇل ۋە تەسىرات قاتارلىقلارنى تەپسىلى ۋە مۇۋاپىق خاتىرىلەپ، كىيىنكى ئوقۇتۇش خىزمىتىدە پايدىلانما قىلىش، مۇشۇ ئاساستا، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ھەركىتىنى ئۈزلىكسىز ياخشىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى پەللىگە يىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك.

    3. ئوقۇتۇشتىكى يىتەرسىزلىكلەرنى يېزىش كىرەك. ھەرقانچە مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دىگەن دەرسلەردىمۇ بەزى يىتەرسىز تەرەپلەرنىڭ ساقلىنىشى تەبىئىي. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى سىستىمىلىق ئانالىز قىلىپ، رەتلەپ، ئۇنىڭغا قارىتا چوڭقۇر پىكىر يۈرگىزىپ تەتقىق قىلىش، بۇندىن كىيىنكى ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن، تەجىرىبە-ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىش كىرەك.

    4. ئوقۇتۇش جەريانىدا پەيدا بولغان ئەقىل-پاراسەتلەرنى يېزىش كىرەك. يەنى ئوقۇتۇش جەريانىدا، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ كىڭىيىشىگە، ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلار ئارسىدىكى ھىسىيات ئالماشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارغا قارىتا، بىزدە بىرەر ئەقىل پەيدا بولىشى مۈمكىن. مەسىلەن، بىر قىتىم مەن شەندوڭ ئۆلكىسىدىن قەشقەر ۋىلايىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەمگە كەلگەن 7نەپەر خەنزۇ كەسىپداش بىلەن يەكەن ناھىيىسىنىڭ مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە دەرس ئاڭلاشقا باردۇق. مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىسىدە، قانداق رەھبەر، مىھماننىڭ كىلىپ دەرس ئاڭلىشىدىن قەتئىي نەزەر، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى تەڭشىمەيدىكەن. دەرس ئاڭلىغۇچىلار قايسى سىنىپنىڭ قايسى پەن دەرسىنى ئاڭلىماقچى بولسا شۇ ۋاقىتتا قايسى ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسى بولسا، شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئاڭلايدىكەن. بىز بىر قوش تىل سىنىپنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسىنى ئاڭلاشقا كىردۇق. مەكتەپ دەرس ئۆتمەكچى بولغان ئوقۇتقۇچىغا ئۇختۇرۇش قىلمىغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىرىپ، ئوقوغۇچىلار بىلەن سالاملىشىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ دەرسكە كىلىش ئەھۋالىنى بىر قۇر سۈرۈشتە قىلىپ بولۇپ، دەرسنى باشلاي دىگەندىلا، بىزنىڭ ئاللا بۇرۇن دەرسخانىغا كىرىپ، دەرس ئاڭلاش ئۈچۈن ئوقوغۇچىلار ئارىسىدا ئولتۇرۇپ بولغانلىقىمىزنى بايقىدى. ئۇ سەل-پەل ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن، ساۋاقداشلار، سىنىپىمىزغا بىرنەچچە مىھمان دەرس ئاڭلىغىلى كەپتۇ، كۆپىنچىسى خەنزۇ مىھمانلاركەن. سىلەر خەنزۇ تىلى ئۆگەنگىلى خىلى كۆپ ۋاقىت بولدى. لىكىن يېزىدا خەنزۇ تىلىنى ئىشلىتىدىغان شارائىت يوق دىيەرلىك، قىنى بۈگۈن ساۋاقداشلار ئىلگىرى ئۈگەنگەن بىلىمىڭلارنى ئىشلىتىپ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ بىقىڭلار، ئىقتىدارىڭلارنى سىناپ بىقىڭلار، دەپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغاندىن كىيىن، سىنىپتىكى ساۋاقداشلار شۇنداق جاللىنىپ، خەنزۇ مىھمانلار بىلەن تۈرلۈك جەھەتلەردە پاراڭلاشتى، سىنىپ باشلىقى سىنىپنىڭ ئومومىي ئەھۋالىنى، ئۆگىنىش باشلىقى ساۋاقداشلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى بايان قىلدى. بەزى ساۋاقداشلار ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىلىپ، ئەھۋال سورۇشۇپ، شەندۇڭدىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، مىھمانلارمۇ ھاياجانلىپ ئۇلار سورىغان نەرسىلەرنى ئىرىنمەي سۆزلەپ بەردى. قىسقىغىنە  10 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ئوقوغۇچىلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى خەنزۇ تىلىدا بايان قىلدى ۋە تەجىرىبە ئالماشتۇردى. ئاندىن يېڭى دەرس باشلىنىپ، ساۋاقداشلار دەرسنى ناھايىتى ئازادىىلك بىلەن مۇۋاقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى. دىمەك، بۇ يەردە ئوقوتۇچى دەرستىن ئىلگىرى بۇنداق ئوقۇتۇش ھالقىسىنى ئوقۇتۇش لايىھىسىگە پىلان قىلغانمۇ ئەمەس، ھەم بىزنىڭ دەرس ئاڭلايدىغانلىقىمىزدىنمۇ خەۋەرسىز، ئۇ پەقەت دەرسكە كىرىپ بىزنى بايقىغاندىن كىيىن، ئۇنىڭدا تۇيۇقسىز مۇشۇنداق بىر ئەقىل پەيدا بولغان. ئوقوغۇچىلارمۇ بۇ ئەقىلنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۈگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش، ئازادە ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى.بۇ ئوقۇتقۇچىغىمۇ شەندۇڭلۇق كەسىپداشلار ناھايىتى يۇقۇرى باھا بىرىپ ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا بۇ ئىشنى ئالاھىدە تىلغا ئىلىپ ماختىدى. مانا مۇشۇنداق ئىشلارنى يېزىش كىرەك.

    5. ئوقوغۇچىلاردىكى يېڭىلىقلارنى يېزىش كىرەك. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسى گەۋدىسى، ئۇلاردا ھامان «يېڭىلىق ئۇچقۇنلىرى» چاقناپ تۇرىشى مۈمكىن. ئوقۇتقۇچىلار ئوقوغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا سورىغان بىر قىسىم خاسلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كىرەك. بۇنداق قىلغاندا ئوقوغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلى، ياخشى پىكىر يوللىرىنى كىڭەيتكىلى بولۇپلا قالماستىن، ئوقوغۇچىلاردىكى بۇ خىل يېڭىلىقلاردىن ھوزۇرلۇنۇش ۋە ئوقوغۇچىلارغا ئىلھام بىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل يېڭىلىقلار دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ تولۇقلىمىسى بولالايدۇ، ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشتىكى تەپەككۈر يولىنى كىڭەيتىدۇ، ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ. شۇڭا بۇنداق تەرەپلەرنىمۇ خاتىرلەپ، بۇندىن كىيىنكى ئوقۇتۇشتىكى بايلىققا ئايلاندۇرۇش كىرەك.

    6. ئىلگرىكى ئوقۇتۇش لايىھىسىنىڭ دەرستىن كىيىنكى قايتا لايىھىلىنىشىنى يېزىش كىرەك. يەنى دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن، دەرس ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلۇنۇپ، شۇ سائەتلىك دەرستىن قانداق ئوقۇتۇش قانۇنىيەتلىرىنى بايقىغانلىقىڭىزنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا قانداق يېڭىلىقلارنىڭ بولغانلىقىنى، بىلىم نوقتىلىرىدا نىمىلەرنى بايقىغانلىقڭىزنى، ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش جەھەتتىكى يېڭى، ئۈنۈملىك تەدبىرلىرىڭىزنى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىدىكى يېڭى بايقاشلىرىڭىزنى، ئىلھام بىرىشنىڭ، مەشىقلەندۈرۈشنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىنى يىزىڭ. يۇقارقى جەھەتلەردىكى ئارتۇقچۇلۇق ۋە سەۋەنلىكلەرنى ۋاقتىدا خاتىرىلەپ، تەھلىل يۈرگۈزۈپ، بۇ مەزمۇنلارنى كىيىنكى ئوقۇتۇش جەريانىدا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەكلىكىنى، قانداق قىلىش لازىملىقىنى چۆرىدەپ، دەرستىن ئىلگرىكى ئوقۇتۇش لايىھىڭىزنى قايتىدىن تولۇقلاش قىلىڭ. ئارتۇقچۇلۇقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاڭ. ئىشىنىمەنكى ئوقوتۇش سەۋىيىڭىزنى تىزدىن يېڭى پەللىگە كۆتىرەلەيسىز.

    دىمەك، ئوقۇتۇشتىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىشنى يىزىشتا ئەڭ مۇھىمى يولۇققان مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا خاتىرىلەپ، ئۆز ۋاقتىدا تەھلىل يۈرگىزىپ مىڭىش ۋە ئۇنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش كىرەك. مەسىلىلەرنى، تەسىراتلارنى ئەمەلىي، ئاددىي تىل بىلەن نىگىزلىك قىلىپ خاتىرىلەپ، خاتىرە ئارقىلىق تەپەككۈرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەپەككۈر ئارقىلىپ ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، توپلانغان تەجىرىبە ۋە تەسىراتلارنى خۇلاسىلاپ، ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى شەكىللەندۈرۈش كىرەك. يۇقۇرىدىكىلەر مىنىڭ ئازغىنە تەسىراتلىرىم، خاتا يەرلەر بولسا تەنقىدى پىكىر تەكلىپلەرنى ئايىمىغايسىلەر.

    分享到: