-
2012-01-20
ئانا تىلىم - [تەرمىلەر]
- تىل ھەر بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئېگىز مۇنارى. ئەگەر ئاسسىمىلياتسىيە بىر مىللەتنىڭ كىملىكىنى بىتجىت قىلىۋېتىدىكەن، ئۇ مىللەتنىڭ خەلقىمۇ يوقىلىدۇ.
- تىل بىلەن مەدەنىيەت يالغۇز سۆز بىلەن سۆز بوغۇملىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار ئادەم بىلەن ياراتقۇچىنى ئۆز-ئارا ئالاقىلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان نەرسە. ئەگەر مەن ئۆز تىلىمدا ئايەت ئوقۇيالىسام، ئۇ خۇددى بىر جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن چىققاندىن كېيىن ئالغان تۇنجى نەپىسىمگە ئوخشاش ئىش بولىدۇ. تىل بىلەن مەدەنىيەت بىز بىلەن ياراتقۇچىنى ئۆز-ئارا باغلاپ تۇرىدىغان ھەمراھىدىن ئىبارەتتۇر.
- تىل بىلەن مەدەنىيەتنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئايرىلىۋېتىلىدىكەن، تىل پەقەت بىر قورال، ياكى بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىزنىڭ تىلىمىز بىلەن مەدەنىيىتىمىز بىزنىڭ كىملىكىمىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى، بىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى، ۋە بىزنىڭ نەگە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
–بىز مۇشۇ زېمىندىن، ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ ماكانىدىن كەلگەن. بىز مۇشۇ زېمىنغا مەنسۇپ، ۋە ئۇنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى مۇشۇ زېمىندىن تاپىمىز. بىزنىڭ تىلىمىز بىزنى مۇشۇ بىر ھەقىقەتكە قايتا-قايتىلاپ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنى تولۇق چۈشىنىش بىزنىڭ ئۆز تىلىمىز بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاش، كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىشىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتىمۇ زۆرۈر.- ئانا تىلىمىز ياراتقۇچىمىزدىن كەلگەن بىر سوۋغات. بۇنداق مۇقەددەس سوۋغاتنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ تۇرۇش، ئۇنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىگە يول قويماسلىق كېرەك.
- بىزنىڭ قەدىمقى تىلىمىز بىزنىڭ مەدەنىي ۋە روھىي مىراسلىرىمىزنىڭ ئاساسى. ئەگەر ئۇ بولمايدىكەن، بىز ياراتقۇچىمىز بىزدىن كۈتكەندەك بىر شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان بولاتتۇق.
- بىزنىڭ ئانا تىلىمىز بولمايدىكەن، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئۆزىنىڭ يۈكسەك پاساھىتى، موللىقى، گۈزەللىكى بىلەن خەلىقىمىز تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ، گۈللەندۈرۈلۇپ كېلىۋاتىدۇ. تارىخقا نەزەر سالساق، 10- ۋە 15- ئەسىرلەردە دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر، تارىختىكى تۇنجى سېلىشتۇرما لۇغىتى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يۈكسەك پاساھىتىنى نامايەن قىلغۇچى لۇغەت «تۈركى تىللار دىۋانى»، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەلسەپە خارەكتىرلىك چوڭ يىرىك ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك»، بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ تىلشۇناسلىق توغرىسىدىكى ئەسەرلىرىدىن «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ۋە چوڭ ھەجىمدىكى شىئىرى ئەسىرى« خەمىسە» قاتارلىق ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىنىڭ جەۋھەرلىرى مەيدانغا كەلدى. بۇ ئەسەرلەر شۇ مەزگىلدىكى «ئەرەبى ھەسەل، پارىسى شېكەر» دېگۈچىلەرگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونتىكا، لىكسىكا، گىرامماتىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئەڭ گۈزەل ،نەپىس يۇمشاق تىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى. بۇ تارىخى پاكىتلار تىل مەدىنىيىتىمزنىڭ بۇرۇندىن تارتىپلا گۈللىنىپ، ياشناپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. شۇ ۋاقىتلاردا بۇ ئۇلۇغ ئاتا – بوۋىللىرىمىز ئەرەب، پارىس تىللىرىنى مۇكەممەل ئېگەللىگەن. ھەم ئەرەب ،پارىس تىللىرىدىمۇ ئەسەر يازغان، ئەمما «ئەرەبى ھەسەل، پارىسى شېكەر» دېمىگەن. ھازىرقى ئىجتىمائى، سىياسى شارائىتتا باشقا تىللارنىڭ جەمىيەتتىكى رولىنىڭ زورىيىشىغا ئەگېشىپ، باشقا مىللەت تىلىغا قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، موھىمى ئۇيغۇر تىلىنى پەس كۆرۈش، تىل، مەدەنىيەت، يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۆزىنىڭ تىل – مەدەنىيىتىگە سەل قارىغان، ئەھمىيەت بەرمىگەن مىللەت ئاخىرقى ھېسابتا كىملىك كىرزىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ قالىدۇ خالاس. شۇڭا بۇنداق كەسكىن ئىجتىمائى شارائىتتا كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ تىل مەدەنىيىتىمىزنى قوغداپ گۈللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىسەك يوقۇلۇشنىڭ قۇربانى بۇلۇشتىن بىزمۇ قۇتۇلۇپ قالالمايمىز. چەتئەل تىلى بىر ئالاقە قۇرالى، ئەمما مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئالاھىدە شەرتى ياكى كاپالىتى ئەمەس. دۇنيا ھازىر يەر شارىلىشىشقا يۈزلىنىپ كۆپ خىل تىل مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچرىشىشى تىز سۈرئەتتە كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، كۆپ تىللىق بولۇش تەرەققىياتنىڭ موھىم ئىلمىنىتى ھەم كاپالىتى بولۇپ قالدى. بىز كۆپ تىل ئېگەللەشكە يۈزلىنىشىمىز، ئەمما قۇدرەتلىك بىر مىللەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئەڭ مۇكەممەل ئۆگىنىشىمىز بەكمۇ زۆرۈردۇر. ئۇيغۇر تىلى – ئانىمىزنىڭ تىلىدۇر، بىز ئانا تىلدا ئويلايمىز، ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلىمىز، ئانا تىلدا چۈش كۆرىمىز، ئانا تىلدا يىغلايمىز ۋە ئانا تىلىدا كۈلىمىز. چەتئەلدىكى بىز مۇساپىر ئۇيغۇرلار ئانا تىلدا ۋەتىنىمىزنى سېغىنىمىز. بىز ئانا تىلىمىز ئارقىلىقلا ئۆزىمىزنى ھەقىقى تونۇيالايمىز. ئانا تىلىمىزسىز بىز ئەسلا ئۇيغۇر بۇلالمايمىز.
ئۇيغۇر ئاكاددىمىيىسى تورىدىن ئىلىندى.
收藏到:Del.icio.us