• 2011-12-28

    ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ نامى ۋە مەنىسى - [تەسىرات]

    ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ نامى ۋە مەنىسى

    بالام كەچتە ئائىلىدە تاپشۇرۇق ئىشلەۋىتىپ، تۇيۇقسىز مەندىن: «دادا 12 مۇقاممنىڭ نامىنى دەپ بەرگىنە» دەپ سورىدى، مەن دۇدۇقلاپ يۈرۈپ ئاران 6-7 مۇقامنىڭ نامىنى دەپ بىرەلىدىم، قالغانلىرىمنى پەقەتلا ئەسكە ئالامىدىم، ئايالىمدىن سورىساممۇ ئۇممۇ مەن بىلىدىغانلىرىدىن باشقىللىرىنى ئەسكە ئالامىدى. قىزىمنىڭ بۇ سۇئاللىرىغا تولۇق جاۋاب بىرەلمىگىنىمدىن قاتتىق خىجىل بولدۇم ۋە ماتىرىيال كۆرۈپ ئاندىن جاۋاب بىرەي دەپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتىنى قولۇمغا ئىلىپ، «مۇقام» دىگەن سۆزنى ئىزدەپ تاپتىم، لىكىن مۇقامنىڭ مەنىسىگە تەبىر بىرىلىپ، 12 مۇقام نامى بىرىلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن ئىشخانىغا كىلىپ بۇ ھەقتە ماتىرىيال ئاختۇرۇپ چىقتىم ھەمدە بۇ تىمىنى يىزىپ چىقتىم،

    1.راك مۇقامى مەنىسى: شىپالىق ئىزدەش.

    2.چەببايات مۇقامى مەنىسى: گۈزەللىكنى سىغىنىش.

    3.مۇشاۋەرەك مۇقامى مەنىسى: مۇڭدىشىش.

    4.چەرىگاھ مۇقامى مەنىسى: گۈزەل ھايات ئىزدەش.

    5.پەنجگاھ مۇقامى: ئۇلۇق، يۈكسەك.

    6.ئۆزھال مۇقامى مەنىسى: ئەھۋاللىشىش.

    7.ئەجەم مۇقامى مەنىسى: ئانا ۋەتەننى سۆيۈش.

    8.ئوشاق مۇقامى مەنىسى: ئاشىقلار مەنىسىدە، بۇ مۇقامدا مۇھەببەتنى كۈيلەش ئاساسىي تىا قىلىنغان بولۇپ، تىكىستلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن بۇرۇنقى زاماندا ئۆتكەن ئاتاقلىق شائىرلارنىڭ نەزمە سىئىرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر خەلىق قوشاقلىرى، ئەل ئىچىدىكى داستان پارچىلار سەپلەنگەن.

    9.بايات مۇقامى مەنىسى: ئەسلەش.

    10.ناۋا مۇقامى مەنىسى: جاسارەت، كۈچ-قۇدرەت.

    11.سەگاھ مۇقامى مەنىسى: ئۇزۇن غەپلەتتىن ئويغۇنۇش.

    12. ئىراق مۇقامى مەنىسى: دەريا سۈيىنىڭ دولقۇنى.

    12 مۇقامنىڭ ئەسلى رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك:

    1.راك 2.چەببايات 3.سەگاھ 4.چەھەرگاھ 5.پەنجگاھ 6.ئۆزھال  7.ئەجەم 8.ئۇششاق 9.بايات 10.نەۋا 11.مۇشاۋەرەك 12.ئىراق

    ئۇيغۇر 12 مۇقامى ـ پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر، ئەمگەكچان ـ ئىجاتچان ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكا بىلەن بايان قىلىدىغان بەدىئىي قامۇستۇر. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە گۈزەل مەنىۋىيىتى، ئىستەك ـ خاھىشلىرى، تارىخىي رېئاللىق ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدىن كېلىپ چىققان مۇھەببەت ـ نەپرەتلىرى ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ مۇزىكا، بەدىئىي ئەدەبىيات ۋە ئۇسۇل قاتارلىق خىلمۇ ـ خىل شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن، مۇزىكىلىق ئىپادە جەھەتتە لىرىكا بىلەن ئېپىكا، نەغمە بىلەن نەزمە گارمونىك ھالدا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان. مۇنداق مۇزىكا ئەسىرى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ سەنئەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان ئالاھىدە ئەسەر بولغاچقا، ‹شەق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى مۆجىزە» دەپ تەرىپلەنمەكتە»، «ئۇيغۇر 12 مۇقامى كۈيلەر ۋە تېكىستلەردىن ئىبارەت ئىككى ساھەگە بۆلۈنىدۇ»، «ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مۇزىكىلىق ئىپادىسىدۇر. مۇقاملار ئاجايىپ چوڭقۇر مەنىلىك، باي مەزمۇنلۇق، رەڭمۇ تۈسلۈك، بەدىئىي پاساھەتلىك، يەڭگىل ھەم ئېيتىشقا ئەپلىك كلاسسك شېئىرلار ‹ئاساسەن غەزەللەر›، بېيت ـ قوشاقلار بىلەن جانلىنىدۇ. ھەر بىر مۇقامنىڭ ئىككىنچى قىسىمى خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان ئېپىكىلىق داستانلار بىلەن تېخىمۇ يارقىن تۈسكە كىرىپ، تىڭشىغۇچىلارغا سىيۇژتلىق پەلسەپىۋى ۋە دىداكتىكىلىق تېكىستلەر ئارقىلىق يەنىمۇ تەسىرچان ئېستېتىك ھوزۇر بېغىشلايدۇ. مەشرەپ قىسمىدىكى كۈيلەر كۆپىنچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەڭ ئومۇملاشقان بېيىت ـ قوشاقلار ۋە بۇلارغا ماس كېلىدىغان كلاسسىك شېئىرلار بىلەن ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ ـ دە، تىڭشىغۇچىلار ئۆزلىرىنى ئۇنتۇغان ھالدا ناخشا ـ ئۇسۇللار قاينىمىغا شۇڭغۇيدۇ.»، «بىزگىچە يېتىپ كەلگەن تېكىستلەر يەنى مۇقام پىشۋاسى ـ 12 مۇقامنى ئۆز بوۋىسىدىن ئۆگەنگەن ئەنئەنە بويىچە زامانىمىزغا يەتكۈزگەن مەشھۇر خەلق سەنئەتكارى تۇردى ئاخۇن باغلىغان تېكىستلەر زامان ۋە سورۇنلارنىڭ تاللىشىدىن ئۆتكەن ئاساسىي مەنبەدۇر. بۇ تېكىستلەرنىڭ مەزمۇنى مۇزىكا مەزمۇنىغا، قۇرۇلمىسى مۇزىكا قۇرۇلمىسىغا، شېئىرىي ۋەزىنلىرى كۈيلەر ۋەزىنلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.»، «12 مۇقام 16-ئەسىردە رەتلەنگەن چېغىدا، مۇقام كۈيلىرى شۇ زامانغىچە ئۆتكەن كلاسسىكلارنىڭ شېئىرلىرىغا ياكى خەلق داستانلىرىغا باغلانغان بولۇشى تەبىئىي.»

    دېمەك، ئۇيغۇر 12 مۇقامى تېكىستلىرى مىلادى 16-ئەسىردە رەتلەنگەن ئۇيغۇر 12 مۇقامى بىلەن تەڭ مەيدانغا كەلگەنكى، ئۇنى قەلەمگە ئالغان يېزىق ـ چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدۇر. ئەمدى، تېكىستشۇناسلىق ئىلمى بويىچە ئېيتقاندا، ھەر قانداق بىر كلاسسىك ئەسەرنىڭ تەتقىقاتى پەقەت ئۇ يېزىلغان ئەسلى يېزىق شەكلى ئاساسىدا بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. مۇشۇ چۈشەنچە بويىچە بولغاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن بولغان ئۇيغۇر 12 مۇقامى تېكىستلىرى جاھان ئىلىم ئەھلى ئالدىدا، ئاشۇ 16-ئەسىردە قوللىنىلغان مۇبارەك چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىمىز بىلەن يېزىلغان نۇسخىسى بىللە نامايەن قىلىنغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ كلاسسىك قىممىتى بولىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئاشۇ ئۇزاق ئەسىرلەر يالدامىسىلىق گەۋدىسى ھەقىقىي جىلۋىلىنىدۇ. ئىلمىي تەتقىقات نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، ئەگەر بىر كلاسسىك ئەسەرنىڭ ئەسلىدىكى كلاسسىك يېزىقى بولمىسا، بۇ ھالدا ئۇنى تىلشۇناسلىق ئىلمى بويىچە دادىغا يەتكۈزۈپ، چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.

    تىلىمىزدىكى مۇقام«مۇقام»سۆزى ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىدىكى كۈي ؤ كۈيشۇناسلىق چۈشەنچىسى بىلەن بىللە چوڭ ھەجىمدىكى يۈرۈشلەشكەن ناخشا،ئۇسۇللۇق مۇزىكا چۈشەنچىسىنى بېرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا «كامالەتكە يەتكەن،ۋايىغا يەتكەن» دىگەن مەنىدىمۇ ئىستىمال قىلىنىدۇ. مۇقام سۆزى يەنە «تىزما» سېستىما،كامالەت،مەنتىقە، قانۇنىيەت  قاتارلىق
    مەزمۇنلارنىمۇ ئىپادىلەيدۇ.
    ئۈيغۇر 12مۇقامىنىڭ
    VCD,CD,DVDپىلاستىنكىلىرىنىڭ كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۈرۈشكەنلىكى ھەم دۇنيا غەيرى ئاغزاكى ماددى مەدەنىيەت  قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن تۆۋەندە ئۇيغۇر 12مۇقامى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىمىز.
    تۇرداخۇن ئاكا ساقلىغان ۋە 1956-يىلى نۇتىغا ئېلىنغان 12مۇقام تىزىملىكلىرى تۆۋەندىكىچە:

    1. راك مۇقامى نەغمە سانى: 23  مىسراسى: 205

    2. چەبىيات   نەغمە سانى: 23  مىسراسى: 251

    3. مۇشاۋىرەك  نەغمە سانى: 31  مىسراسى: 363

    4. چارىگاھ   نەغمە سانى: 18  مىسراسى: 240

    5. پەنجىگاھ  نەغمە سانى: 25  مىسراسى: 240

    6. ئۆزھال   نەغمە سانى: 29  مىسراسى: 224

    7. ئەجەم    نەغمە سانى: 17  مىسراسى: 143

    8. ئوشاق   نەغمە سانى: 23  مىسراسى: 286

    9. بايات   نەغمە سانى: 19  مىسراسى: 119

    10. ناۋا   نەغمە سانى: 20  مىسراسى: 209

    11. سىگاھ  نەغمە سانى: 6  مىسراسى: 72

    12. ئىراق  نەغمە سانى: 8  مىسراسى: 102

    分享到: