-
2011-02-22
تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاش - [تەربىيلەش]
دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دەرس ئىسلاھاتى تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، مەيلى قىممەت يۆلىنىشى بولسۇن ياكى تەرەققىيات يۆلىنشى بولسۇن ھەممىسىدە چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بولماقتا. بۇ ئۆزگۈرۈشلەر مائارىپىمىزدىكى باھالاشتا ئادەمنى ئاساس قىلىش، جەريانغا ئەھمىيەت بىرىش، تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بىرىشنى تەلەپ قىلماقتا.
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاش ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دەسلەپتە ئۇنىڭ تەتقىقات مۇھىم نوقتىسى ئوقۇتقۇچىلارنى تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاش بولغان. تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاشقا قاراپ تەرەققىي قىلغان.
دىمەك، تەرەققىيات خاراكتىرلىق باالاش دىگىنىمىز- باھالانغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاپ، ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، باھالىغۇچى ۋە باھالانغۇچىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ مائارىپ پائالىيتىگە قارىتا قىممىتى بار بولغان ھۆكۈم چىقىرىش ئارقىلىق، باھالىغۇچى ۋە باھالانغۇچىنىڭ بىرلىكتە باھالاش نىشانىنى مەسلىھەتلىشىپ بىكىتىش جەريانىدىن ئىبارەت.
تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاشنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلكلىرى
تەرەقىيات خاراكتىرلىق باھالاش باھالاش رولى جەھەتتە ئىلھام بىرىش ۋە ياخشىلاش (تۈزۈتىش) رولىنى ئوينايدۇ. باھالاش مەزمۇنى جەھەتتە ئۇنىۋرساللىقنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ؛ باھالاش ئۆلچىمى جەھەتتە قاتلاملىقنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، يەنى باھالنغۇچىنىڭ پەرىقلىقى، تەرەققىيات ئىھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇنىڭغا ماس كىلىدىغان خاسلىققا ئىگە ئۆلچەمنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛ باھالاش ئۇسۇلى جەھەتتە كۆپخىلىققنى تەلەپ قىلدۇ؛ باھالاش ئوبىيىكتىنىڭمۇ باھالاشقا قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە:
1. تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاشنىڭ تۈپ مەقسىدى باھالانغۇچىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
2. تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاش دەرس رولىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ماسلىشالايدۇ.
3. ئەڭ يېڭى مائارىپ قارىشى ۋە باھالاش تەرەققىيات يۆلىنىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.
4. باھالاش مەزمۇنى ئۇنىۋرساللاشقان بولۇپ، مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە، بىلىم سىرتىدىكى ئۇنىۋرسال ساپانىڭ تەرەققىياتىغا بولۇپمۇيېڭىلىق يارىتشى، تەتقىق قىلىش، ھەمكارلىشىش ۋە ئەمەلىيەت قاتارلىق ئىقتىدالارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان كۆپ خىل تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ.
5. باھالاش ئۇسۇلى كۆپ خىللاشقان بولۇپ، مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش بىلەن سۈپەت جەھەتتىن باھالاش ئۇسۇلىنىبىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋرسال باھالاشنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىدۇ. مەسىلەن، ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى، ئۆگۈنىش خاتىرىسى، كۈندىلىك ھەركەتنى كۆزىتىش، ئوچۇق ئىمتىھان قاتارلىقلار ئارقىلىق باھالاشنىڭ ئىلمىيلىكى، ئۈنۈمدارلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىغا ئەھمىيەت بىرىدۇ.
6. باھالىغۇچىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە بولىشىغا ئەھمىيەت بىرىدۇ، يەنى ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئاتا-ئانا، باشقۇرغۇچىلار، ئىجتىمائىي رايۇن، مۇتەخەسىسلەر باھالاشقا ئورتاق قاتنىشىدۇ.
7. باھالاش ئۆلچىمى قاتلاملىققا ئىگە بولۇپ، باھالانغۇچىلارنىڭ ئىندىئوداللىقىغا ۋە تەرەققىيات ئىھتىياجىغا ئەھمىيەتبىرىلىدۇ.
8. تەرەققىيات جەريانىغا ئەھمىيەت بىرىپ، شەكىللىنىش خاراكتىرلىق باھالاش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتىرلىق باھالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى باھالاشنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرىدۇ.
ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا. ئەمما بۇ جەھەتتىكى تەربىيلەش ۋە يىتەكچىلىك كەمچىل بولغانلىقتىن، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى . ئىشلىتىش جەريانىدا نۇرغۇن ئىگىز-پەسلىكلەر كۆرۈلمەكتە.
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us