• 2011-02-22

    ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ مۇندەرىجىسى - [تەربىيلەش]

     

    پايدىلىنىش ئۈچۈن:

    ئاساسلىق ئەھۋال

    1. مىنىڭ قىسقىچە تارىخىم

    2. ئاتا-ئانا ۋە ئۇستازلارنىڭ ماڭا بولغان تىلەك ۋە ئۈمۈتلىرى

    ئەخلاق پەزىلەت جەھەتتە

    3. مىنىڭ قىبلەنامەم

    4. مەن ۋە كوللىكتىپ (سىنىپنىڭ ئەھدىنامىسى)، (سىنىپنىڭ ئوقوغۇچىلارنى مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش تۈزۈمى)

    ئۆگۈنىش ئىقتىدارى جەھەتتە

    5. مىنىڭ پەنلەردىكى نەتىجەم

    6. ئۆگۈنىش گۇرۇپىسى ئارا مۇسابىقىلىشىش

    7. باسقۇچلۇق ياكى مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش

    ھەمكارلىشىش ۋە ئالاماشتۇرۇش جەھەتتە

    8. ساۋاقداشلىرىم ماڭا شۇنداق دەيدۇ

    9. ئۇستازلىرىم ماڭا شۇنداق دەيدۇ

    10. ئاتا-ئانام ماڭا شۇنداق دەيدۇ

    11. ساۋاقداشلىرىم بولغان ئەڭ خۇشاللىق بىر قىتىملىق ھەمكارلىق

    خاسلىق، ھىسىيات پوشۇتسىيە جەھەتتە

    12. مەن ئىرىشكەن شان-شەرەپلەر

    13. ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش

    14. ئۇنتۇلغۇسىز بىر سائەتلىك دەرس

    15. ئەڭ ئىسىل ئەسىرىم

    ياكى تۆۋەندىكى مۇندەرىجىدىن پايدىلانساقمۇ بولىدۇ

    مەن ئەڭ رازى بولغانلىرىم

    1. مۇناسىۋەتلىك پەنلەردىكى ئىمتىھان قەغىزى

    2. كۈندىلىك خاتىرە (ماقالە ياكى كۈندىلىك خاتىرە)

    3. قول يازما گىزىتى

    4. مۇناسىۋەتلىك پەنلەردىكى ئەڭ ياخشى تاپشۇرۇق

    5. ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى ( ئىلىپبە كارتىسى، خەنزۇچە خەت، قەلەمدە (گاڭبى) يىزىلغان چىرايلىق خەت)

    6. گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى (ئاتكرتكا)

    7. قول ھۈنەر ئەسىرى

    8. بىر قىتىملىق ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى ئەسەر

    مەن تىرىشىۋاتىمەن

    1. مەن قىلغان ياخشى ئىشلار (ۋاقىت، ئورين، قىلغان ئىشى)

    2. مەن نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇدۇم (كىتاپنىڭ نامى قىسقىچە مەزمۇنى)

    3. مەن توپلىغان گىزىت-زورنال قىيمىللىرى

    4. مەن چەتئەل تىلىنى (خەنزۇ تىلى) ياخشى ئۆگەندىم ( لىنتىغا ئىلىنغان تەلەپپۇزى، قارا دوسكا لايىھىسى، يادا ئالغان تىكىستلەر، ماقال تەمسىللەر، ناخشا تىكىستلىرى....)

    5. مەن بىلىۋالغان ماقال-تەمسىللەر، ھىكىمەتلىك سۆزلەر

    6. مەن يېڭىدىن ئۆگۈنىۋالغان ناخشىلار

    7. مەن بىلىدىغان مەشھۇر شەخىسلەر (قىسقىچە ھىكايىسى)

    8. مەن بايقىغان قىزىقارلىق مەسىلىلەر

    9. مەن قاتناشقان مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىجتىمائاىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلەر ( قىسقىچە تەسىراتى)

    10. مەن ئۆگۈنىۋالغان ماھارەتلەر

    ئۆسۈپ يىتىلىشىگە بولغان باھا

    1. ئۆز ئۆزىگە بولغان باھا ( كۈندىلىك خاتىرە ياكى قايتا ئويلىنىش)

    2. ئاتا-ئانىلارنىڭ باھاسى

    3. ئۇستازلارنىڭ باھاسى

    4. دوستلىرىنىڭ باھاسى

    ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ مەزمۇنىدىن مىسال

    1. مەۋسۇملۇق تىلەك ۋە تەكلىپ-پىكىر (مەۋسۇم بىشىدىكى ئۆزىنىڭ لايىھىسى ياكى تىرىشىپ يەتمەكچى بولغان نىشان قاتارلىقلار)

    2. دەرسلەرنى ئۆگۈنىش ئەھۋالى (ئۆگۈنىش پوزۇتسىيىسى، كۈندىلىك ھەركەت ئىپادىسى، ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۆگۈنىش خۇلاسىسى قاتارلىقلار)

    3. ئۆگۈنىش مۇۋاپىقىيەتلىرى باغچىسى ( دەرسلەرنى ئۆگۈنىش جەريانىدىكى ئۆزى ئەڭ رازى بولغان نەتىجىلەرنى نامايەن قىلىش)

    4. شان-شەرەپ سەھنىسى (تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئىرىشكەن شان-شەرەپ، مۇنەۋۋەر ئەسەر قاتارلىقلار)

    5. ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى (ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر، تەسىراتلار )

    6. تەجىرىبىلەرنى يەكۈنلەش (مەۋسۇم ئاخىرىدىكى ئۆز ئۆزىنى باھالاش، ساۋاقداشلىرى، ئۇستازلارنىڭ باھاسى قاتارلىقلار)

    پايدىلىنىش ئۈچۈن:

    1. بۇ مەۋسۇمدىكى مىنىڭ ئەسەرلىرىم

    مەن ئەڭ رازى بولغان بىر قىتىملىق ئىمتىھان

    ئەڭ ئىسىل بولغان بىر قىتىملىق نۇتۇقۇم

    ئەڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە قىلغان ئىشىم ياكى ئويۇم

    ئەڭ خاسلىققا ئىگە تاپشۇرۇقۇم

    سىنىپ ياكى مەكتەپ خاراكتىرلىق پائالىيەتلەردىكى خاتىرەم

    تەتىلدىكى بىر قىتىملىق ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش

    بۇ مەۋسۇمدىكى ئۆزەم رەتلەپ چىققان بىلىملەر خەرىتىسى

    مەن لاھىيلىگەن كىيىم-كىچەك، چاچ پاسۇنى

    بىر پارچە ئەڭ ياخشى كۈندىلىك خاتىرەم

    پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئورينلاشتۇرۇشقا بولىدىغان تۈرلەر

    يۇقارقىلاردىن باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزى بىرىۋاتقان دەرسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئارخىپقا سىلىنىدىغان مەزمۇنلارنى لاھىيلىشى، ئۇ چوقۇم پەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرەلەيدىغان بولىشى كىرەك.

    مەسىلەن:

    مۇزىكا پىنى: دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مارشىنى ئۆگەتكەندىن كىيىن، ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئائىت رەسىملەرنى، سۈرەتلەرنى، ناشا مۇھىكىلارنى توپلاش؛ داڭلىق مۇزىكانتلارنىڭ ھاياتى مۇساپىسى، داڭلىق ئەسەرلىرى قاتارلىقلارنى توپلاش؛ «مۇئەللىم» دىگەن ناخشىنى ئۆگەنگەندىن كىيىن ناخشا مەزمۇنىنى ئىپادىلەيدىغان سىزمىلارنى سىزىش.

    گۈزەل سەنئەت: ئۆزى ئەڭ رازى بولغان بىر پارچە رەسىم، قول ھ【نەر ئەسىرى؛ بۇنىڭدا ئەسەرلەرگە يىزىقچە ئىزاھات قىتىپ قويۇشقا بولىدۇ.

    تەنتەربىيە: تەنتەربىيە جەھەتتىكى تەسىراتىم، چىنىقىش پىلانىم، تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ سۈرەتلىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى، مۇسابىقىلەرگە قاتناشقاندىكى خاتىرە سۈرەتلەر، مۇسابىقىدىن تەسىرات؛ مەن × ×   گىمناستىكىنى ئۆگۈنىۋالدىم.

    ئىلىم پەن ياكى تەتقىقاتلىق ئۆگۈنىش: مەشھۇر ئاستۇرنۇملار ھەققىدىكى ھىكايىلەر، ئالىملارنىڭ تەتقىقات ئىزدىنىش ئىلىپ بىرىش توغرىسىدىكى ھىكىمەتلىك سۆزلىرى؛ قىزىقارلىق كىچىك تەجىرىبە، كۈزۈتىش خاتىرىسى؛ تەتقىقاتلىق ئۆگۈنىشتىكى مۇۋاپىقىيىتى، يىققان ئەۋرىشكىلەر، تەبىئەتتىكى غەلىتە ھادىسىلەر توغرىسىدىكى پەرەز..... قاتارلىقلار.

    ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى باشقۇرۇش

    1. ماتىرىيال يىغىش ۋە رەتلەش

    ئوقوغۇچى بىرىنجى مەسئۇل خادىم، نىمىلەرنى سىلىشنى بەلگىلەش ھوقوقىغا ئىگە. ئوقۇتقۇچى توغرا يىتەكچىلىك قىلىش، تەكلىپ – پىكىر بىرىشى كىرەك. قىممىتى بار نەرسىلەرنى سىلىش، ياخشى رەتلەش كىرەك.

    2. ساقلاش ۋە باشقۇرۇش

    سىنىپ مۇدىرى بىر تۇتاش ساقلايدۇ ۋە باشقۇرىدۇ، قەرەرلىك ھالدا ئوقوغۇچىلارغا تارقىتىپ ئۇلارنىڭ ماتىرىياللىرىنى سىلىپ رەتلىشىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ( ئايدا ئىككى قىتىم). مەكتەپ قەرەرلىك ھالدا تەجىرىبە ئالاماشتۇرۇش، كۆرمەزمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىشى كىرەك.

    3. ئارخىپنى ئىشلەشكە قاتناشقۇچىلار

    ئوقوغۇچى، ئاتا-ئانىلار قاتنىشىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى چۈشىنىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بىرىش كىرەك.

    4. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش، تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۈزلۈكسىز خۇلاسىلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كىرەك. سىنىپلار تۈزۈتۈش ياكى يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى، تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئىلمىي بۆلۈم ياكى ئەخلاق تەربىيە بۆلۈمگە يوللاپ بىرىشى كىرەك.

    分享到: