-
2011-02-22
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى - [تەربىيلەش]
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى دىگەن نىمە؟
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىلىش ئارخىپى ئىنگىز تىلىدا « portfolio » دىيىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى « ھۆججەت بوخچىسى» ياكى « ۋەكىللىك خاراكتىرىدىكى تاللانما ماتىرىيال » دىگەن مەنىدە. يىقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بۇيان بۇ مائارىپتىكى باھالاش ساھەسىدە قوللىنىپ «ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى» دەپ ئاتىلىپ كەلدى ھەمدە ئۇ ئارخىپقا ئوقوغۇچىلارنىڭ مەلۇم ساھەدىكى ئەسەرلىرىنى توپلاپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ مەلۇم ساھدىكى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى، ئالغا بىسىش ئەھۋالى، ئىرىشكەن نەتىجىلىرى قاتارلىقلار نامايەن قىلىندى.
شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى دىگىنىمىز- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش مۇۋاپىقىيەتلىرى ياكى سىجىل ئالغا بىسىش جەھەتتتىكى ئىپادىسى، ئەسەرلىرى، باھالاش نەتىجىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان خاتىرە، ماتىرىياللارنىڭ يۇغلانمىسىدىن ئىبارەت.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى
نۆۋەتتە گەرچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىغا نىسبەتەن تولۇق بىرلىككە كەلگەن ئىنىقلىما بولمىسىمۇ، ئەممە نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۇنى ئىشلىتىش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋىلالايمىز.
1. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى ئىچىگە سىلىنىدىغان ماتىرىياللارنى تاللاش ۋە توپلاش قارىغۇلارچە بولماستىن، بەلكى بەلگىلىك ئوقۇتۇش نىشانىغا ماس كىلىشى كىرەك. ئۇ قانداقتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاددىي ھالدا توپلاپ قويۇش بولماستىن، بەلكى ئوقوغۇچىلارنىڭ دەرس نىشانى، ئۆسۈپ يىتىلىش ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ماتىرىياللارنى مەقسەتلىك توپلاشتىن ئىبارەت. بۇ ئۇنىڭ ئادەتتىككى ئارخىپ خالتىسىدىن پەرىقلىنىدىغان تەرپى.
2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىدىكى ماتىرىياللارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تاماملاش جەريانىدىكى خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى، ئوقۇتقۇچىسى، ساۋاقداشلىرى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇ ئەسەرلىرىگە بەرگەن باھاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3.ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىدىكى مەزمۇنلارنى قارار قىلغۇچى.
4.ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشتىكى ئاساسلىق مەخسەت، كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى توپلاش ھەمدە ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ توپلانغان ماتىرىياللارغا قارىتا قايتا ئويلىنىش ئىلىپ بىرىشى ئارقىلىق، ئوقوغۇچىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى ئالغا بىسىشى، ئىرىشكەن مۇۋاپىقىيىتى ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باھالاش ۋە ئۆزى ئۈستىدا قايتا ئويلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ تۈرلىرى
1. ئىشلىتىش مەخسىدى، تاپشۇرىدىغان ئوبىيىكت ۋە ئوقوغۇچىلارغا بولغان ياردىمى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى ئوخشىمىغان تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ، ھەر قايسى تۈرلەرنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئوخشاش بولمىغان رولىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى غايە تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى، نامايەن قىلىش تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى، ھۆججەت تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى، باھالاش تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى، دەرسخانا تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى دەپ 5 تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
1. غايە تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى:
قۇرۇلمىسى: ئارخىپقا سىلىنىدىغان ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە تاللىنىشىغا قارىتا چۈشەندۇرۇش يىزىلىدۇ. بىر قاتار ئەسەرلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىگە بولغان تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى، پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قاتارلىقلار ئىزاھلىنىدۇ.
مەخسەت: ئۆگۈنىش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. بىر مەزگىللىك ئەمەلىيەت ئارقىلىق، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆگۈنىشىدىكى پىكىر يۈرگۈزگىچى، بىرەسمىي باھالىغۇچى بولىشىغا ياردەم بىرىشتىن ئىبارەت.
2. نامايەن قىلىش تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى
قۇرۇلمىسى: ئاساسلىقى ئوقوغۇچىلار ئۆزلىرى تاللاپ چىققان، ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان ياكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەسەرلەر توپلانمىسى بولۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش، ئۆزى مۇستەقىل تاللاش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ.
مەخسەت: ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقىلار قاتناشقان ئوقوغۇچىلار ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەسەرلەر تاللانمىسىنى قاتناشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
3. ھۆججەت تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى
قۇرۇلمىسى: ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باھاسى، كۈزىتىشى، تەكشۈرىشى، ئىمتىھان نەتىجىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن يەكۈنلەپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان سىسىتىمىلىق خاتىرىدىن ئىبارەت.
مەخسەت: ئوقوغۇچىارنىڭ ئەسىرى، مىقدارلاشتۇرۇلۇپ باھالانغان باھا ئارقىلىق، سىستىمىلىق خاتىرە بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.
4. باھالاش تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى
قۇرۇلمىسى: ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچى، باشقۇرغۇچىلار، مەكتەپ تۇرغۇزغان ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىبولۇپ، باھالاش ۆورسەتكۈچلىرى ئالدىن بىكىتىلگەن بولىدۇ.
مەخسەت: ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەسەر جەھەتتىكى ئىرىشكەن نەتىجىلىرىنىى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن دوكىلات بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.
5. دەرسخانا تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى
قۇرۇلمىسى: 3 قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ: (1) دەرس نىشانىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىرىشكەن نەتىجىسىنىڭ يىغىندىسى. (2) ئوقۇتقۇچىنىڭ تەپسىلى ئىزاھاتى ۋە ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۈزىتىشى. (3) ئوقۇتقۇچىنىڭ يىللىق دەرىسى ۋە ئوقۇتۇش پىلانى.
مەخسەت: بەلگىلىك ئەھۋالدا ئاتا-ئانا، باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگۈنىش نەتىجىسىگە بولغان ھۆكىمى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
2. تاللاپ سىلىنىدىغان ماتىرىيالارنىڭ تۈرىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى ئەڭ ئىسىل نەتىجىلەر تىپىدىكى (ئارىلاشما تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى)، جەريان تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى دەپ تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
ئارىلاشما تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى ئارخىپىنى ئەڭ ئىسىل نەتىجىلەر تىپىدىكى ۋە جەريان تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇ مەقسىدى ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى كۆزنەك تىپىدىكى ماتىرىياللارنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى، ئاتا-ئانا، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىرىشكان نەتىجىسى، تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا ئەقىلگە مۇۋاپىق باھا بىرىشىگە شارائىت يارىتىشتىن ئىبارەت.
ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ ئاساسلىق ئەھمىيىتى ۋە رولى
ئوقوغۇچىلارىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى يېڭى دەرس تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر خىل باھالاش قورالى . ئۇنى تۇرغۇزۇش ۋە ئىشلىتىش ئوقوغۇچىلارنى قاتنىشىش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئۆزى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشنى، ئۆزىنىڭ ئالغا بىسىش ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا قارىتا توغرا ھۆكۈم قىلىسشنى ئۆگىتىدۇ. ئوقوغۇچىلار ئۇنى ئىشلەشكە قاتنىشىش جەريانىدا، ئارخىپىغا سىلىنىدىغان ماتىرىياللار ۋە ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى( بولۇپمۇ ئەسەر، خاتىرە) قاتارلىقلارنى بەلگىلەش ھوقوقىغا ئىگە بولۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگۈنىش سۈپىتى، ئالغا بىسىشى، تىرىشىش ئەھۋالىنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى تەرەققىياتىنى تولۇق چۈشۈنىشكە پايدىلىق بولغان ماتىرىياللار بىلەن تەمىن ئىتىپ، باھالاشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ۋە مەزمۇنى
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى ئادەتتە ئوقوغۇچى ۋە ئوقوتقۇچى بىرلىكتە ئىشلەيدۇ. ئارخىپنى شەكىللەندۈرۈش تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئارخىپنى تۇرغۇزۇشتىكى مەخسەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
1.باھالايدىغان مەزمۇننى بىكىتىش.
2. باھالش ئوبىيىكتىنى ( قايسى يىللىقتىكى قايسى سەۋىيىدىكى)
3. توپلايدىغان مەزمۇنلار ۋە توپلاش قىتىم سانى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
4. ئوقوغۇچىلارنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش.
5. باھالاش تەرتىۋىنى بىكىتىش كىرەك.
6. ھەر بىر ئوقوغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئاتا-ئانىغا ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ نىمىلىكىنى، ئۇنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بارلىقىنى، ئۇنى قانداق ئىشلەش كىرەكلىكى جەھەتلەر تەربىيلەش كىرەك.
ئۆز ئارا تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش، ساقلاش، ئىشلىتىش پىلانىنى تۈزۈش كىرەك.
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى لايىھىلەش
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى لايىھىلەش بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت. ئۇ مائارىپ نەزىرىيىسى بىلەن يۇقۇرىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى كونكرت ھەركەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى. شۇنداقلا «ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى» نى ئومومىيۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ جان تومۇرى.
1. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى لاھىيلەشنىڭ يىتەكچى ئىدىيىسى
«جەريانغا ئەھمىيەت بىرىش، تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بىرىش» تەك باھالاشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، زامانىۋى مائارىپ باھالاش قارىشىنى ئەۆىس ئەتتۇرۇش كىرەك. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى تەكشۈرۈش، باھالىغۇچىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك بولىشى ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىشى ،تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، باھالاش مەزمۇنىنى كۆپخىللاشتۇرۇش كىرەك. ئوقوغۇچىلارنىڭ غۇرۇرى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قوغداپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىھتىياجى ۋە سوبىكتىپچانلىقىغا ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇلاردا تەشەببۇسكار بولۇشتەك پوزۇتسىيىنى قوزغاش لازىم. باھالاشنى كۈندىلىك تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقوتۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، باھالاشنىڭ تەربىيلەش ۋە يىتەكلەش رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش لازىم. ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى ھەقىقىي ۋە چوڭقۇر نامايەن قىلىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بىرىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش شۇ ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.
2. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى لاھىيلەش پرىنسى
1) چوقۇم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كىلىشى لازىم.
2) مائارىپ ۋە پىسخولوگىيە قانونىيەتلىرىگە ئۇيغۇن بولىشى، ھەر قايسى يىللىقتىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن بولىشى كىرەك.
3) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىنى ئوبىيىكتىپ، ھەقىقىي، ئەتىراپلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان بولىشى كىرەك.
4) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشىغا، خۇشال-خورام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە، ئوقوغۇچىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولۇش كىرەك.
5) قوللىنىشقا قولايلىق، باھاسى ئەرزان، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك، چۈشىنىشلىك بولۇش كىرەك.
3. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى لايىھىلەش ۋە ياساسش
1) يۇقارقى پىرىنسىپلارغا ئاساسەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ھەر قايسى يىللىق ئوقوغۇچىلارنىڭ پەرقىگە ئاساسەن، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى 3 خىل نۇسقىدا لاھىيلەپ چىقتۇق. بىرىنجى خىلى 1-يىللىقتىن 3-يىللىققىچە ئىشلىتىلىدۇ؛ ئىككىنچى خىلى 4-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە ئىشلىتىلىدۇ؛ ئۈچىنچى خىلى 7-يىللىقتىن 9-يىللىققىچە ئىشلىتىلىدۇ.
2) بۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى تۆۋەندىكى ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان: (1) «ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى» (2) «ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى توپلىمى» (3). ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىغا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى توپلىمى سىلىنىدۇ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى توپلىمىغا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى سىلىنىدۇ.
3) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى بىر خالتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر بىر ئوقوغۇچى ئۈچ يىلدا بىر خالتىدىن ئىشلىتىدۇ. ئارخىپنىڭ ئاساسلىق رولى بولسا ئوقوغۇچىلارنىڭ «ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى توپلىمى» نى توپلاشتىن ئىبارەت. ھەر مەۋسۇم ئاخىرىدا ئوقوغۇچىلارنىڭ رەتلەپ چىققان «ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يتىىلىش خاتىرىسى توپلىمى» نى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىغا سىلىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش لازىم. بىر ئوقوغۇچىنىڭ بىر قارار ئارخىپى تاماملانغاندا ئۇنىڭ ئىچىدە شۇ ئوقوغۇچىنىڭ 3 يىللىق 6 مەۋسۇملۇق «ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى توپلىمى» تولۇق قاچىلىنىش لازىم.
4) «ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى توپلىمى» بىر ۋاراق مۇقىم مەزمۇن ۋە شەكىلدىكى «مۇقاۋا» دىن ئىبارەت. ھەر بىر ئوقوغۇچى ئۈچۈن ھەر مەۋسۇمدا بىر ۋاراق ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خاتىرە ماتىرىياللارنى قىستۇرۇپ تۈپلەشتىن ئىبارەت. ئوقوغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، ئۆزى ئانالىز قىلىپ رەتلەپ چىققانبىر مەۋسۇملۇقخاتىرە ماتىرىياللارنى «مۇقاۋا» ئىچىگە قىسىپ تۈپلەيدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرىدۇ.
5) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. بۇنىڭ بىرسى بەلگىلەنگەن مەزمۇنلاردىن ئىبارەت. يەنە بىرسى بولسا ئوقوغۇچىنىڭ ئۆزى تاللاپ توپلىغان ماتىرىياللاردىن ئىبارەت. بىرىنچى بۆلەك ئوقوغۇچىلارنىڭ تەبىئىي ئەھۋالى، ساغلاملىق ئەھۋالى، ئاساسىي خاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانى، ئىرىشكەن شان شەرەپ ۋە تەقدىر نامە، ھەر قايسى پەندىكى نەتىجىسى ۋە پائالىيەت ئەھۋالى، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى بۆلەك بولسا «ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى» نى تۇرغۇزۇش توغرىسىدىكى پىرىنسىپ ۋە تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئوقوتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، ئوقوغۇچى ئۆزى تاللاپ توپلىغان ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن ئىبارەت. مەسىلەن دەرسخانىدا ئىشلەتكەن مەشىق دەپتىرى، ئائىلە تاپشۇرۇقى، ئىمتىھان سۇئالى، ئەسەرلىرى يەنى ھۆسنىخەت، رەسىم ماقالە، تەسىرات قاتارلىقلار، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تاماملىغان ئەسەرلىرى، كوللىكتىپ پىلان، كۈندىلىك خاتىرە، مەلۇم بىر پىلاننى يولغا قويۇش جەريانىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىق قاتارلىقلار، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەقدىرلەش سۆزى ياكى تەكلىپ پىكىرى، ئوقوغۇچىنىڭ تەسىراتلىرى، ئاتا-ئانا ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ تۈرلۈك باھا سۆزلىرى قاتىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.