«جانغا ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەر (1)» دېگەن بىر يازمىمىزدا يېڭى شوپۇرلار ئۈچۈن ماشىنا ھەيدەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جەمئىي 15 تۈرلۈك ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈن شۇ يازمىمىزنى داۋام قىلىمىز. 16. تورموزنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، ABS بولمىغان ماشىنىلاردا جىددىي تورموز تۇتۇشقا توغرا كەلگەندە، كۈچەپ بىرلا دەسسىۋەتسەك چاق سىيرىلىپ كېتىپ تورموز ياخشى تۇتمايدۇ. شۇڭا قاتتىق بىرلا دەسسىمەي، سەل يىنىكرەك 2-3 قېتىم دەسسەپ تۇتۇش كېرەك. چۈنكى چاق – سىيرىلىشنىڭ كىچىككىنە ئالدىدىكى ئاشۇ پەيتتە ئەڭ ياخشى تۇتىدۇ. بىز ئۆزىمىز مۇشۇ پەيتنى بايقاپ تۇتالىساق ئەڭ ياخشى تورموز ئۈنىمىگە ئېرىشىمىز. 17. يولدىن ئۆتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىغا ئىنچىكىلىك بىلەن ھۆكۈم قىلالايدىغان بولۇڭ. بۇ ئىقتىدار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ مۇكەممەللىشىدۇ. يولدىن ئۆتىۋاتقان كىشى يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ بەلكى سىزنىڭ ماشىنىڭىزنى كۆرۈپلا ئارقىسىغا قايتىشى، ياكى يا ئالدىغا يا ئارقىغا قايتىشنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ ئالدى-كەينىگە تەمتىرەپ مېڭىپ يۈرىشى مۇمكىن. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى دەل مۇشۇ ئىش. بۇ ۋاقىتتا بىز ئىنتايىن دىققەتتە تۇرىشىمىز، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ سىزگە ۋە پىيادە كىشىگە خەۋپ ئېلىپ كېلەلمەيدىغان سۈرئەتكە چۈشۈرىشىمىز كېرەك. ئاستا سۈرئەتتە ھەرقانداق بىر خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىشى مۇمكىن. يولدىن ئۆتكۈچە بىز ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان كىشىلەردىن ياشانغانلار، كىچىك بالىلار، تېلىفون ئۇرۇپ مېڭىۋاتقانلار، يامغۇرلۇق كىيىم بىلەن مېڭىۋاتقان (يامغۇرلۇق كۈندە) ياكى كۈنلۈك تۇتۇپ ماڭغانلار، كۈلكە-چاقچاق بىلەن شالاقشىپ كۈلۈپ مېڭىۋاتقانلار قاتارلىقلار. بۇ خىلدىكى كىشىلەر سىزنىڭ ماشىنىڭىزغا تېزدىن ئىنكاس بىلدۈرەلمەسلىكى مۇمكىن. 18. تورموز چىراقلىرىنى، بۇرۇلۇش چىراقلىرىنى ۋە ئۇزۇن-يېقىن چوڭ چىراقلارنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش لازىم. ھۆل-يىغىنلىق كۈنلەردە چىراقلارنى سۈرتۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. تورموز چىراقلىرىنىڭ خۇنۈك يېقىلىشى سەۋەبلىك كەينىدىن كەلگەن ماشىنا سىزگە ئاسانلا ئۆزىنى ئۇرىۋېلىشى مۇمكىن. ئەگەر سىزنىڭ تورموز چىرىقىڭىز سەۋەبلىك ئارقىدىن كېلىپ ئۇرىۋالغان بىرەر ھادىسىدە گۇناھنى ئارقىدىكى ماشىنىغا ئەمەس، سىزگە يۈكلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا چوڭ چىراقنىڭ كۈچلۈك، يورۇق يېقىلىشى سىزنىڭ پىيادىلەرگە ياكى ئالدىدىكى خەتەرگە ئېنىق ھۆكۈم قىلىشىڭىزغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ ئامىل. بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەن شوپۇرنى مەسئۇلىيەتسىز، تەجرىبىسىز شوپۇر دېيىش تامامەن ئەقىلگە مۇۋاپىق. |
8671 تېما | 883 ئەزا | 38 توردا |
---|
ئارخىپ|يانفۇن|پاسىبان كۇلۇبى ( 新ICP备10202432号 )
GMT+6, 2012-7-30 09:53
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.