كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ شەخسى ماشىنا بولۇش كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ماشىنا ئاسراش ۋە ھەيدەشتە قانداق نەرسىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئېھتىياج چۈشىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا سىز ماشىنا ھەيدىگەندە بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلامسىز؟ بەلكى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسى سىزگە ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن. 1. يامغۇرلۇق كېچىدە يول ماڭغاندا چوقۇم ئاستىراق ماڭىسىزغۇ دەيمەن. لېكىن، بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن يامغۇر توختىغاندەك قىلغان بولسا دەرھال سۈرئەتنى ئاشۇرۇشقا ئالدىراپ كەتمەڭ. چۈنكى يامغۇر سۈيى يىغىلىپ قالغان جايدىن ئېنىق كۆرمەيلا تىز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كەتسىڭىز، لاي سۇ ئەينىكىڭىزگە چاچراپ ئەينەكنى توسۇپلىۋالىدۇ. ئەگەر كۆزىڭىز تېڭىقلىق ماشىنا ھەيدىيەلەيدىغانلا بولمىسىڭىز بۇ ياخشى ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭدىن باشقا تىز سۈرئەتتە سۇ يىغىلىپ قالغان جايدىن ئۆتۈپ كەتسىڭىز سۇنىڭ قارشىلىق كۈچى كۈچلۈك بولغانلىقتىن جىددى تورموز قىلغاندەكلا سۈرئەتنى ئاستىلىتىدۇ. بۇنىڭغا تىز ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالمىسىڭىز رول قولىڭىزدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر سۇغا بىرلا چاقى دەسسىگەن بولسا ئۇنداقتا تېخىمۇ خەتەر. رول ئاپتۇماتىك شۇ تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېتىدۇ. يەنە كېلىپ سۇنىڭ ئىچىدە تاش-توقماق بار يوقلىقىنى بىلمەيمىزدە، تىز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا سۇنىڭ ئىچىدە گۈلىدەك كېلىدىغان ئۇچلۇق تاش بوپقالسا بالون يېرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغان مەن ئۆزۈم يولۇقۇپ باققان. شۇڭا يامغۇرلۇق يولدا، بولۇپمۇ كېچىدە سۈرەتنى كونترول قىلىپ ماڭغان ئەۋزەل. 2. كېسىشمە يول ئېغىزىدا كۆرۈش دائىرىڭىزنى چوڭراق بىر ماشىنا توسىۋالغان شارائىتتا ئۇنى «ئالدىدا ھېچنىمە يوققۇ» دېگەن خىيال بىلەن يانداپ قالماڭ. سىز ھەرقانچە قىزىل چىراق يېشىل چىراققا ئۆزگەرگەن ھالەتتىمۇ، «توسىۋالغان ماشىنىنىڭ ئارقىسىدا بىر پىيادە ئادەم بولىشى مۇمكىن» دېگەن پىسخىك ھالىتىدە ماشىنا ھەيدىشىڭىز كېرەك. بۇ پەقەت كېسىشمە يولدىلا ئەمەس، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىمۇ ئىشلەيدىغان پىسخىكا ھالىتى. سىز كۆرمىگەن جايدا ھەرقانداق نەرسە بولىشى مۇمكىن. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى 99% قاتناش ۋەقەسى «ئويلىمىغان يەردىن» يۈز بېرىدۇ. 3. ئەگەر ئالدىڭىزدا بىر تال توپ كوچىدىن ئېتىلىپ چىققان بولسا، توپنىڭ ئارقىسىدىن بىرىنىڭ قوغلاپ چىقىدىغان – چىقمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئولتۇرماي دەرھال سۈرئەتنى ئاستىلىتىڭ. سىزدە ئالدىن ھۆكۈم قىلىدىغان ئىقتىدار بولىشى كېرەك. بەلكى ئويلىمىغان يەردىن بىر كىچىك بالا توپنى ئالغىلى يۈگرەپ چىقىپ قېلىشى، سىز ئۇ بالىنى يول ياقىسىدىكى توختىتىپ قويغان ماشىنا توسىۋالغانلىقتىن كۆرمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن. |
8671 تېما | 883 ئەزا | 38 توردا |
---|
ئارخىپ|يانفۇن|پاسىبان كۇلۇبى ( 新ICP备10202432号 )
GMT+6, 2012-7-30 10:09
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.