پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مويەننىڭ رومانى: تولغان بەدەن (30- باب)

تولغان بەدەن
(رومان)
ئاپتورى: مو يەن

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

بۇ رومان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى توم بولۇپ نەشر قىلىندى. تەرجىمىسىنى ئوسمانجان مۇھەممەت (1- بابتىن 29- بابقىچە) بىلەن ھەزرىتى ئەلى بارات (30- بابتىن ئاخىرىغىچە)  ئىشلىدى.  بلوگىمىزدا روماندىن بىر نەچچە بابنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

ئوتتۇزىنچى باب

خىرۇستالدىن ياسالغان كۆزەينەك سى ماكۇنىڭ ھەيۋە كۆرسىتىپ يۈرگەن چاغلىرىدا مېڭ شىئېر ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن بەرگەن سوۋغىسى ئىدى. مېڭ شىئېر ئەپەندىم شۇ تاپتا ئەكسىلئىنقىلابچىنىڭ بۇ سوۋغىسىنى كۆزىگە تاقىغىنىچە يېشىل خىشتا قوپۇرۇلغان مۇنبەردە ئولتۇرۇپ، تىتىرەڭگۈ ئاۋازدا شەرقىي شىمال گاۋ مى يېزىسىدىكى ياش پەرقى بەكلا زور بولغان بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈۋاتاتتى. كۆزەينىكى ئېغىرلىقىدىن ئەگمەچ بۇرۇنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ قالغانىدى، بۇرۇنىدىن ساڭگىلىغان كۆپكۆك ماڭقىسى شىلتىك- شىلتىك قىلاتتى. ساغلىق چوڭ ـــــ دەپ توۋلىدى ئۇ. تازا ئىسسىق بولۇۋاتقان ئىيۇل ئېيى بولۇشىغا قارىماي، ئۇ بېشىغا قارا تاۋاردىن تىكىلگەن قىزىل پۆپۈكلۈك تەقەي دوپپا، ئۇچىسىغا قارا ئۇزۇن كەمزۇل كىيىۋالغانىدى. ساغلىق چوڭ، ھەي ـــــ بىز ئەپەندىمگە ئەگىشىپ تەڭ توۋلايتتۇق. قوزا كىچىك ـــــ ئەپەندىم ھەسرەتلىك ئاھاڭدا باشلاپ بېرەتتى. ھاۋانىڭ دىمىقلىقىدىن سىنىپنىڭ ئىچى قاراڭغۇ ھەم زەي ئىدى. بىز پۇتىمىز يالاڭ ئاياغ، بىلەكلىرىمىز يالىڭاچ ھالەتتە ئىدۇق، ئۈستى- بېشىمىز مايلىق تەرگە چۆمۈلگەن ئىدى. لېكىن پۇزۇر كىيىنگەن ئەپەندىمنىڭ چىرايى قەھرىتان سوغۇقتا قالغان كىشىدەك تاتىرىپ، لەۋلىرى كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى. قوزا كىچىك، ھەي ـــ بىز ياڭراق ئاۋازىمىز بىلەن ئەپەندىمگە ئەگىشىپ توۋلايتتۇق. سىنىپ ئىچى گويا قىغلىرى چىقىرىلمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان قوي قوتىنىدەك قويۇق چىلە ھىدى بىلەن تولغانىدى. ساغلىق بىلەن قوزا تاغقا يۈگرەيدۇ ـــ ساغلىق بىلەن قوزا تاغقا يۈگرەيدۇ، ھەي ـــ ساغلىق قاچىدۇ، قوزا مەرەيدۇ ـــ ساغلىق قاچىدۇ، قوزا مەرەيدۇ، ھەي ـــ مول بىلىمىمگە ئاساسلانغاندا، ساغلىق ئۆچكە سۈتكە تولغان يىلىنلىرى بىلەن قېچىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇ تۇرۇقىدا ئۇنىڭ يول مېڭىشىمۇ تەسكە توختاۋاتسا قانداق قاچالايدۇ؟ قوزىنىڭ مەرىشى، قېچىشىغۇ نورمال ئىش. يايلاقتا چوڭ ئۆچكىلەر جىممىدە ئوتلايدۇ، قوزا دېگەن مەرەيدۇ، قىيغىتىپ يۈگۈرۈپ ئوينايدۇ. قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئەپەندىمدىن شۇنچە سوراپ باققۇم كېلەتتىيۇ، لېكىن جۈرئەت قىلالمايتتىم. ياشانغان ئەپەندىم ئالدىغا مەخسۇس قولىمىزنىڭ ئالقىنىغا ئۇرىدىغان بىر تال پالاق قويۇۋالغان ئىدى. ساغلىق جىق يەيدۇ ـــ ساغلىق جىق يەيدۇ، ھەي ـــ قوزا ئاز يەيدۇ ـــ قوزا ئاز يەيدۇ، ھەي ـــ بۇ گېپى توغرا ئىدى. ساغلىق ئەلۋەتتە قوزىدىن جىق يەيتتى، قوزىمۇ ئەلۋەتتە ساغلىقتىن ئاز يەيتتى. ساغلىق چوڭ ـــ قوزا كىچىك ـــ ئۆچكە ئوتنى يەپ بولۇپ يەنە باشتىن قايتىپ كەلدى. ئەپەندىم ھېرىپ- چارچىغىنىنىمۇ تۇيۇماي قىزىشىپ ئوقۇغانسېرى سىنىپ بارغانسېرى قالايمىقانلىشىپ كېتەتتى. ياللانما دېھقاننىڭ ئوغلى، 18 ياشلىق ۋۇ يۈنيۈ ئايغىردەك تەمبەل نېمە بولۇپ، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ساتىدىغان تۇل چوكان لەن شۈيليەننى خوتۇنلۇققا ئالغانىدى. لەن شۈيليەن ئۇنىڭدىن سەككىز ياش چوڭ بولۇپ، قورسىقى تومپىيىپ چىققان، يەڭگىشىگىمۇ ئۇزۇن قالمىغانىدى. ۋۇ يۈنيۈمۇ پات ئارىدا دادا بولاتتى. بىر بالىنىڭ دادىسى بولاي دەپ قالغان ۋۇ يۈنيۈ قوينىدىن داتلىشىپ كەتكەن بىر تاپانچىنى چىقىرىپ، چىن ئېر ئەپەندىمنىڭ شاپاق دوپپىسىنىڭ چوققىسىدىكى قىزىل پۆپۈكنى تۇيدۇرماي قارىغا ئالدى. ساغلىق قاچتى ـــ ساغلىق ـــــ پاڭ! ـــ ھاـــ ھاـــ ھا، قاچە ـــ قاچ! ـــ ئەپەندىم بېشىنى كۆتۈرۈپ تورلىشىپ كەتكەن كۈلرەڭ كۆزلىرى بىلەن خىرۇستال كۆزەينىكىنىڭ ئۈستىدىن پەسكە قارىدى، لېكىن ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى. ئەپەندىم كىتابىنى داۋاملىق ئوقۇۋەردى. قوزا مەرەيدۇ ـــ «پاڭ!» ۋۇ يۈنيۈ ئاغزىدا يەنە «پاڭ!» قىلىپ تاپانچا ئاتقاننى دورىدى، ئەپەندىمنىڭ شاپاق دوپپىسىنىڭ قىزىل پۆپۈكى مىدىراپ كەتتى. ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. ئەپەندىم پالاقنى قولىغا ئېلىپ پارتىغا بىرنى سالدى- دە، سوتچىلارغا ئوخشاش: «خەپشۈك!» دەپ ۋارقىرىدى. دېكلاماتسىيە يەنە داۋام قىلدى. 17 ياشلىق نامرات دېھقاننىڭ ئوغلى گو چيۇشېڭ ئورنىدىن تۇردى، ئىڭىشكىنىچە پەم بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ ئەپەندىمنىڭ كەينىگە ئۆتتى، ئاندىن تۇلۇم چاشقاننىڭكىدەك يوغان ھىرساي چىشلىرى بىلەن ئاستىنقى كالپۇكىنى چىشلەپ تۇرۇپ مىنامىيوتچى ئەسكەر مىنامىيوتقا ئوق سالغان پەدىدە، ئەپەندىمنىڭ كاللىسىنى مىنامىيوتنىڭ سىتىۋۇلىغا ئوخشىتىپ سىيلىغاندەك بىر ھەرىكەتنى قىلدى. سىنىپ ئۆرىتۆپە بولۇپ كەتتى، ئوقۇغۇچىلار ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك تېلىقىپ كۈلۈپ كېتىشتى، شۈ ليەنخې دېگەن دارازا پارتىسىنى مۇشتلىدى، پور سېمىز پەتەك فاڭ شۇزەي قولىدىكى كىتابنى يىرتىپ- يىرتىپ ئاسمانغا ئاتتى، ئاپئاق قەغەزلەر سىنىپ ئىچىدە كېپىنەكتەك ئۇچۇشقا باشلىدى.
ئەپەندىم ئۈستەلنى تەكرار مۇشتلاپمۇ مالىمانچىلىقنى بېسىقتۇرالمىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى كۆزەينىكىنىڭ ئۈستىدىن قالايمىقانچىلىقنىڭ كېلىپ چىخىش سەۋەبىنى كۆزەتمەكتە ئىدى. گو چيۇشېڭ ئەپەندىمنىڭ ھەرىكىتىنى دوراپ ھەدەپ ئۇنىڭ چىشىغا تېگەتتى. يېشى ئەللىكتىن ھالقىغان ئەپەندىم مەجنۇن كەبى ۋايسىدى. گو چيۇشېڭ قولىنى ئەپەندىمنىڭ قۇلىقىغا تەگكۈزۈۋېدى، ئەپەندىم شاققىدە ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى.
ـــ كىتابنى يادلا!ـــ دېدى ئەپەندىم سۈرلۈك قىياپەتتە.
گو چيۇشېڭ مۇنبەردە قولىنى ساڭگىلىتىپ ئۆرە تۇراتتى، ئوزايىدىن ناھايىتى رايىش قىياپەتتە تۇرغاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، چىرايىنى ھەر قىسما پۈرۈشتۈرۈپ شەيتانلىق قىلاتتى. ئۇ كالپۇكىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئۇچلۇق ھالەتكە كەلتۈردى، ئاندىن بىر كۆزىنى  قىسىپ ئاغزىنى قىيسايتتى، ئارقىدىن چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ قۇلىقىنى لىك- لىك مىدىراتتى.
ـــ كىتابنى يادلا!ـــ دېدى ئەپەندىم غەزەب بىلەن.
ـــ چوڭ ئانام چوڭ، كىچىك ئانام كىچىك، چوڭ ئانام كىچىك ئانامنى ئالدىغا سېلىپ قوغلىدى . . . ـــ دېدى گو چيۇشېڭ.
پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى. ئەپەندىم قولى بىلەن پارتىغا تايىنىپ ئورنىدىن دەس تۇردى. ئاپئاق ساقاللىرىنى تىترىتىپ تۇرۇپ: «ھەي ماڭقۇرتلار! ماڭقۇرتنى تەربىيەلەپ ئادەم قىلماق تەسكەندە!» دەپ غۇدۇڭشىدى.
ئەپەندىم پالاقنى قولىغا ئالدى- دە، گو چيۇشېڭنىڭ بىر قولىنى تارتىپ ئەكېلىپ پارتىغا باستى. ھۇ ماڭقۇرت! پاق- پاق! ئۇ قولىدىكى پالاق بىلەن گو چيۇشېڭنىڭ ئالقىنىغا زەرب بىلەن ئۇراتتى. گو چيۇشېڭ چىرقىرىۋەتتى. ئەپەندىم گو چيۇشېڭغا لاپپىدە قارىدى، قارىدى- يۇ، پالاقنى ئېگىز كۆتۈرگەن قولى بوشلۇقتا قېتىپ قالدى. گو چيۇشېڭنىڭ چىرايىغا ئالدىراپ باش ئەگمەيدىغان ساياق پىرولتارلاردىلا بولىدىغان بىر خىل ئىپادە تېپىپ چىقتى؛ كۆمۈردەك قاپقارا كۆزلىرىدىن ئۆچمەنلىك، قەيسەرلىك نۇرلىرى چاقنىدى. ئەپەندىم گۈنسىز كۆزلىرىنى گو چيۇشېڭدىن ئېلىپ قېچىپ، پالاقنى ئېگىز كۆتۈرگەن قولىنى تولىمۇ كۈچسىز ھالدا پەسكە چۈشۈرۈۋالدى. بىر نېمىلەرنى دەپ غۇدۇراپ قويۇپ كۆزەينىكىنى ئېلىپ قەلەي قاپقا سالدى- دە، بىر پارچە كۆك لاتىغا يۆگەپ قوينىغا تىقتى، سى ماكۇنى قورقۇتقان لەنىتى پالاقنى ئەسلىتىدىغان زاكۇن تايىقىنىمۇ قوينىغا سالدى. تەقەي دوپپىسىنى بېشىدىن ئېلىپ ئاۋۋال گو چيۇشېڭغا، ئاندىن سىنىپتىكى ھەممەيلەنگە يۈزلىنىپ بىرنى تازىم قىلىۋېتىپ، كىشىنىڭ تۇرۇپ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان، تۇرۇپ بىزارلىقىنى قوزغايدىغان بىچارە ئاھاڭدا: «غوجىلىرىم، كەمىنە چىن ئېر دېگەن ئۆلۈمتۈك قېرى ھالىغا چۇشلۇق ئىش قىلماي ئاچچىقىڭلارنى كەلتۈرۈپ قويدى. غوجىلىرىم، كەمىنە قېرىنى كەچۈرۈۋېتەرسىلەر!» دېدى- دە، قول باغلاپ تۇرۇپ يۇقىرى- تۆۋەنگە بىر نەچچىنى ئېرغاڭلىۋەتكەندىن كېيىن گەۋدىسىنى قىسماقتەك ئېگىپ، ئۇششاق قەدەملىرى بىلەن يېنىك دەسسىگىنىچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى. سىنىپنىڭ تېشىدىن ئۇنىڭ ئەزمىلىك بىلەن يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
بىرىنچى سائەتلىك دەرس ئەنە شۇ تەرىزدە ئاياغلاشتى.
ئىككىنچى سائەتلىك دەرس مۇزىكا دەرسى ئىدى.
ناھىيەدىن كەلگەن جى چيوڭجى ئىسىملىك ئايال مۇئەللىم زاكۇن تايىقى بىلەن دوسكىغا تېخى بايىلا بور بىلەن يېزىپ قويغان «مۇزىكا» دېگەن يوغان خەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ جاراڭلىق ئاۋازدا: «بۇ سائەتتە بىز مۇزىكا دەرسى ئۆتىمىز. لېكىن دەرسلىك كىتاب يوق، دەرسلىك كىتاب دېگەن ماۋۇ، ماۋۇ، ماۋۇ يەردە ـــ ئۇ بېشى، مەيدىسى ۋە قورسىقىنى كۆرسەتتى» دېدى. ئاندىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ دوسكىغا خەت يېزىۋېتىپ: «مۇزىكا نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نەي چېلىش، غىجەك چېلىش، ناخشىغا غىڭشىش، چاڭچىلە ئېيتىش ۋاھاكازالارنىڭ ھەممىسىنى مۇزىكا دېسەك بولۇۋېرىدۇ. ھازىر بىلمەيسىلەر، كەلگۈسىدە بىلىپ قالىسىلەر. ناخشا ئېيتىش مۇزىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر تۈرى، شۇنداقلا ئۇنى بىزنىڭ مۇنۇ چەت، خىلۋەت مەكتىپىمىزنىڭ مۇزىكا دەرسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى دېسەكمۇ بولىدۇ. بۈگۈن بىز بىر ناخشىنى ئۆگىنىمىز» دېدى ۋە دوسكىغا تاقىلدىتىپ خەت يېزىشقا باشلىدى. دەرىزىنىڭ سىرتىدا سوزۇلۇپ ياتقان كەڭ دالىدا مەكتەپتە ئوقۇش ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئەكسىلئىنقىلابچىنىڭ ئوغلى سى مالياڭ بىلەن خائىننىڭ قىزى شا زاۋخۇا قويلىرىنى ھەيدىگىنىچە بىز تەرەپكە تەشۋىش ئىلىكىدە قاراپ تۇراتتى. ئۇلار تىزىغىچە كېلىدىغان ياپيېشىل چۆپلۈك ئارىسىدا ئۆرە تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ كەينىدە غوللىرى توم، يۇپۇرمىقى قالتىس يوغىنىغان، ساپسېرىق ئېچىلىپ كەتكەن ئون نەچچە تۈپ ئاپتاپپەرەس بار ئىدى. ئاپتاپپەرەسنىڭ لىگەندەك يوغان ساپسېرىق يۈزى تولىمۇ مەيۈس كۆرۈنەتتى، مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىڭدىن ئۆتە مەيۈس ئىدى. كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا قاراڭغۇدا چاقناۋاتقان ئاشۇ كۆزلەرگە قاراپ كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش تولدى. مەن سۆگەتنىڭ توم بادرىسىدىن ياسالغان دەرىزىنى دەڭسىمەكتە ئىدىم، خىيالىمدا ئۆزۈمنى تۇمۇچۇققا ئايلىنىپ سىنىپتىن ئۇچۇپ چىقىپ ئىيۇن ئېيىنىڭ چۈشتىن كېيىنكى ئاپتىپىغا راسا قانغان، كۆكپىت بىلەن خانقىز مىژ- مىژ ئولىشىۋالغان ئاپتاپپەرەسكە قونغان ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلاتتىم.
ـــ بۈگۈن ئۆگەنمەكچى بولغان ناخشىنىڭ ئىسىمى «ئاياللار ئازادلىقى ناخشىسى»،ـــ مۇئەللىم شۇنداق دېگەچ ئىڭىشىپ دوسكىنىڭ ئاستىنقى گىرۋىكىگە ئاخىرقى بىر نەچچە مىسرا ناخشا تېكىستىنى تېز- تېز يازدى. مۇئەللىمنىڭ يۇپيۇمىلاق ساغرىسى بايتالنىڭ ساغرىسىدەك تومپىيىپ چىققانىدى. قۇيرۇقىغا پەي قادالغان بىر تال يا ئوقى يېنىمدىن ۋىژژىدە ئۇچۇپ ئۆتكەن پېتى بېرىپ مۇئەللىمنىڭ كاسىسىغا گۇچچىدە سانجىلدى. سىنىپتا ئەسەبىيلەرچە كۈلكە كۆتۈرۈلدى. كەينىمدە ئولتۇرىدىغان ئوقياچى دىڭ جىنگوۋ بامبۇكتا ياسىغان ئوقياسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ كۆز- كۆز قىلدى- دە، يەنە شۇ ھامان تىقىۋالدى. مۇئەللىم كاسىسىدىكى يا ئوقىنى سۇغۇرۇپ ئالدى- دە، مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ كۈلۈپ كەتتى، ئۇنى بىر ئېتىۋېدى پارتىغا سانجىلىپ قالدى.
ـــ ماھارىتىڭ بولىدىكەن- ھە!ـــ مۇئەللىم تولىمۇ ۋەزمىن ئاھاڭدا شۇنداق دەپ قولىدىكى زاكۇن تايىقىنى قويدى، يۇيۇلۇۋېرىپ ئۆڭۈپ كەتكەن ھەربىيچە چاپىنىنى سېلىپ پارتىغا ئارتتى. چاپىنىنى سېلىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ پەشلىرى ئاق، ئۆرۈمە ياقىلىق كالتە يەڭ كوپتىسى نامايان بولدى. كوپتىسىنىڭ پېشىنى ئىشتىنىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالغان بولۇپ، بېلىنى قېرى كالىنىڭ خۇرۇمىدىن ئىشلەنگەن كەڭ كەمەر بىلەن باغلىۋالغانىدى. ئىشلەتكىنىگە بەك ئۇزۇن بولغاچقىمىكىن، كەمەر قارىداپ پارقىرايدىغان بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ بېلى ناھايىتى ئىنچىكە، كۆكسى تىككىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، كاسىسى بەكلا تولغانىدى. ئۇ ئاستىغا يۇيۇلۇۋېرىپ ئاقىرىپ كەتكەن دەريادەك كەڭ ھەربىيچە ئىشتان، پۇتىغا ھازىر ئەڭ مودا بولۇۋاتقان «خۇيلى» ماركىلىق ئاق رەڭلىك لۆم- لۆم چۇخەي كىيىۋالغانىدى. ئۇ شۇنچىلىك پاكىز، رەتلىك ياسىنىۋالغان ئىدىكى، يەنىمۇ جەزبىدار كۆرۈنۈش ئۈچۈن كۆز ئالدىمىزدىلا كەمىرىنى يەنە بىر ئىزما چىڭىتتى. ئۇنىڭ چېھرىدىن كۈلۈمسىرەش كەتمەيتتى، شۇنچىلىك جەزبىدار ئىدىكى بەجايىكى ئاق تۈلكىنىڭ ئۆزىلا ئىدى؛ ئۇنىڭ چېھرىدە ئويناۋاتقان كۈلۈمسىرەش چاقماق تېزلىكىدە يوقالدى- دە، چىرايى ئوۋغا ئېتىلغان ئاق تۈلكىدەك رەھىمسىز تۈس ئالدى.
ـــ بايا چىن ئېر ئەپەندىنى تېرىكتۈرۈپ سىنىپتىن چىقىرىۋېتىشتىڭ، ھەرقايسىڭ قالتىسكەنسەن- ھە!ـــ مۇئەللىم مەسخىرە ئاھاڭىدا شۇنداق دېگەچ بايا پارتىغا سانجپ قويغان ئوقنى ئالدى- دە، ئۈچ تال بارمىقى بىلەن پىرقىرىتىپ تۇرۇپ گېپىنى داۋام قىلدى،ـــ ماۋۇ ئوقنى ئاتقان سىرلىق ئوقياچى لى گۇڭمۇ ياكى خۇا روڭمۇ؟ قېنى، ئالدىغا چىقىپ ئۆزۈڭنى بىر مەلۇم قىلىۋەتمەمسەن!ـــ ئۇنىڭ كۆمۈردەك قاپقارا، چىرايلىق كۆزلىرى سوغۇق نەزەر بىلەن سىنىپنى تېنتىپ چىقتى. ھېچكىم ئورنىدىن تۇرمىدى. مۇئەللىم زاكۇن تايىقىنى قولىغا ئېلىپ پارتىغا ۋاققىدە بىرنى سالدى.
ـــ ھەرقايسىڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي،ـــ دېدى ئۇ،ـــ مېنىڭ دەرسىمدە ماۋۇنىڭدەك قاملاشمىغان ئويۇن ئوينايدىغانلىرىڭنى پاختىغا يۆگەپ ئاناڭنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.
ـــ مۇئەللىم، مېنىڭ ئانام ئاللىقاچان يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتكەن!ـــ ۋارقىرىدى ۋۇ يۈنيۈ.
ـــ كىمنىڭ ئانىسى يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتتى؟ـــ دەپ سورىدى مۇئەللىم،ـــ تۇرە ئورنۇڭدىن.
ۋۇ يۈنيۈ تولىمۇ پەرۋاسىز ھالدا ئورنىدىن دەس تۇردى.
ـــ چىقە ئالدىغا،ـــ دېدى مۇئەللىم،ـــ سېنى ئوبدان بىر كۆرۈپ باقاي.
ۋۇ يۈنيۈ تاز كاللىسنى يېپىش ئۈچۈن كىيىۋالغان، ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا بېشىدىن ئالمايدىغان ـــ كېچىسى ئۇخلىغاندىمۇ، دەرياغا سۇ چۆمۈلگەندىمۇ بېشىدىن ئالمايمىش ـــ مايلىشىپ كەتكەن شاپاق دوپپىسىنى كىيگەن پېتى كۆرەڭ قىياپەتتە مۇنبەر ئالدىغا كەلدى.
ـــ ئىسىمىڭ نېمە؟ـــ سورىدى مۇئەللىم مۇلايىم ئاۋازدا كۈلۈپ تۇرۇپ.
ۋۇ يۈنيۈ قەھرىمانلاردەك بىر قىياپەتتە ئىسىمىنى مەلۇم قىلدى.
ـــ ساۋاقداشلار،ـــ دېدى مۇئەللىم،ـــ مېنىڭ فامىلەم جى، ئىسىمىم چيوڭجى. ئاتا- ئانامدىن كىچىكىمدىلا يىتىم قالغان، ئەخلەت دۆۋىسى ئارىسىدا ئويناپ چوڭ بولغان، يەتتە ياشقا كىرگەندە بىر سېرىك ئۆمىكىگە ئەگىشىپ شەھەرمۇ شەھەر ئايلىنىپ، ھەر قىسىما جېدەلخور لۈكچەكلەر بىلەن تونۇشقان؛ ئۇچار موتسىكلېت، دارۋازلىق، خەنجەر يۇتۇش، ئوت پۈۋلەشنى ئۆگەنگەن. كېيىن كەسىپ ئۆزگەرتىپ ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرۈشنى مەشق قىلغان؛ دەسلىپىدە ئىت، ئاندىن مايمۇن، ئۇنىڭ كەينىدىن ئىت ئېيىقى، ئەڭ ئاخىرىدا يولۋاس كۆندۈرۈشنى ئۆگەنگەن. ئىتنى قەپەزگە سولاپ، مايمۇننى خادىغا ياماشتۇرۇپ، ئىت ئېيىقىنى موتسېكلىت مىندۈرۈپ، يولۋاسنى موللاق ئاتقۇزۇپ ئوينىغان. 17 يېشىمدا ئىنقىلابىي قوشۇنغا قاتنىشىپ، بەدىنىمنىڭ قىلىچتا ئۆتمە- تۆشۈك بولۇپ كېتىشىگىمۇ پەرۋا قىلماي دۈشمەنلەر بىلەن تىغمۇ تىغ ئېلىشقان. 20 يېشىمدا خۇا دوڭ ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، توپ ئويناش، رەسىم سىزىش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەنگەن. 25 يېشىمدا ج خ ئىدارىسى رازۋېدچىكلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شېڭلى بىلەن توي قىلغان. ئۇستا جانباز ئېرىممۇ جانبازلىقتا مەن بىلەن تۇتۇشۇپ ماڭا ئاران تەڭ كەلگەن. ھىم! ھەرقايسىڭ مېنى پو ئېتىۋاتىدۇ دەپ قېلىشتىڭما؟ ئۇ قولىنى كۆتۈرۈپ بېشىدىكى شەپكىسىنى ئالدى. ئۇنىڭ ئاپتاپتا كۆيگەن يۈزلىرى تولىمۇ ساغلام، ئىنقىلابىي ئىدى. تىككىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان كۆكسى كۆزنى قاماشتۇرۇپ كوپتىسىنىڭ تۈگمىسى ئارىسىدىن بۆرتۈپ چىققانىدى. بۇرۇنى ئىلىپتەك تۈز، لەۋلىرى نېپىز ۋە قەھرلىك ئىدى، چىشلىرى سەدەپتەك ئاپئاق ئىدى.
ـــ پېقىر جى چيوڭجى يولۋاستىنمۇ قورقمايمەن،ـــ ئۇ ۋۇ يۈنيۈگە مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن تىكىلىپ يۇمشاق تەلەپپۇزدا گېپىنى داۋام قىلدى،ـــ ئەجىبا سەن سولتەكتىن قورقۇپ قالارمەنمۇ؟ـــ ئۇ شۇنداق دېگەچ زاكۇن تايىقى بىلەن ۋۇ يۈنيۈنىڭ شەپكىسىنى جىيىدىكىدىن ئىلىپلا بېشىدىن ئالدى. ئۇنىڭ ۋۇ يۈنيۈنىڭ شەپكىسىنى ئېلىشى سېكونت ئىچىدە تاماملاندى. ۋۇ يۈنيۈ سېسىق بەرەڭگىنى ئەسلىتىدىغان تاز كاللىسىنى قولى بىلەن چاڭگاللىۋالدى. چىرايىدىكى بايامقى ئۆكتەملىك ھەش- پەش دېگۈچە غايىپ بولۇپ، ئورنىنى ھاماقەتلەرچە بىر خىل ئىپادە ئىگىلىدى. ئۇ بېشىنى چاڭگاللاپ تاز كاللىسىنى يۇشۇرۇپ تۇرىدىغان سېسىق لاتىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى. مۇئەللىم قولىدىكى زاكۇن تايىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئەپچىللىك بىلەن ئايلاندۇرۇپ، ۋۇ يۈنيۈنىڭ شەپكىسىنى بوشلۇقتا خېلىغىچە پىرقىراتتى. مۇئەللىمنىڭ شەپكىنى ئەپچىللىك بىلەن پىرقىرىتىشىنى كۆرگەن ۋۇ يۈنيۈنىڭ جان- پېنى چىقىپلا كەتتى. مۇئەللىم قولىنى بىر ئىرغىتىپلا شەپكىنى ئاسمانغا ئاتتى، ئاندىن تولىمۇ ئەپچىللىك بىلەن شەپكىنى يەنە زاكۇن تايىقىنىڭ ئۇچىغا ئىلىپ داۋاملىق پىرقىرىتىشقا باشلىدى. شەپكىنىڭ پىرقىرىشىغا قاراۋېرىپ كۆزلىرىم تورلىشىپلا كەتتى. مۇئەللىم شەپكىنى يەنە ئاسمانغا ئاتتى. شەپكە بوشلۇقتا تازا پىرقىراپ پەسكە چۈشۈۋاتقاندا ئۇ زاكۇن تايىقىنى بىر چۆرۈپلا كۆرۈمسىز، سېسىق پۇراپ تۇرىدىغان قاسماق شەپكىنى ۋۇ يۈنيۈنىڭ ئالدىغا تاشلىدى.
ـــ قاسماق شەپكەڭنى كىيىپ ئورنۇڭغا بېرىپ قىسىپ ئولتۇر،ـــ دېدى ئۇ بىزارلىق ئىلىكىدە،ـــ مەن يېگەن تۇز سەنلەر يېگەن ئۇندىنمۇ جىق. مەن ماڭغان كۆۋرۈك سەنلەر ماڭغان يولدىنمۇ ئۇزۇن.
ئۇ پارتىدىن ھېلىقى يا ئوقىنى ئالدى- دە، نەزەرىنى پەسكە ئاغدۇرۇپ تولىمۇ سۆرۈن ئاۋازدا دېدى:
ـــ سەن، بۇ ئوقنى ئاتقان دەل سەن! ئوقيانى ئەكەل!
دىڭ جىنگوۋ ئالاقزادىلىك ئىلىكىدە چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنبەر ئالدىغا كەلدى- دە، ئوقيانى رايىشلىق بىلەن پارتىغا قويدى.
ـــ جايىڭغا بېرىپ ئولتۇر!ـــ مۇئەللىم ئوقيانى قولىغا ئېلىپ تارتىپ بېقىپ دېدى،ـــ ئوقيانىڭ دەستىسىگە ئىشلەتكەن قۇمۇش بەك يۇمشاقكەن، كىرىچىمۇ تازا قاملاشماپتۇ! كىرىچىغا كالىنىڭ سىڭىرىنى ئىشلەتسەڭ ياخشى بولىدۇ،ـــ مۇئەللىم ئۇچىغا پەي قادالغان ھېلىقى يا ئوقىنى كىرىچقا سېلىپ بوشقىنە تارتتى- دە، دىڭ جىنگوۋنىڭ كاللىسىنى قارىغا ئالدى. دىڭ جىنگوۋ غىپپىدە پارتىنىڭ ئاستىغا كىرىۋالدى. بىر تال چىۋىن دەرىزىدىن چۈشكەن يورۇقلۇقتا گىڭىلداپ ئۇچۇپ يۈرەتتى. مۇئەللىم ئاشۇ چىۋىننى پەم بىلەن قارىغا ئالدى، كىرىچنىڭ ۋىڭ قىلىشى بىلەن تەڭ ئوق بارغان پېتى چىۋىنگە تەگدى.
ـــ بۇرۇنى كۆپكەندىن يەنە قايسىڭ بار؟ـــ دېدى مۇئەللىم.
سىنىپ ئىچى يەرگە يىڭنە چۈشسە ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە تىمتاسلىققا چۆمدى. مۇئەللىم تاتلىققىنا بىرنى جىلمىيىپ قويۇۋېدى، ئىڭىكىدە كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگۈدەك چىرايلىق زىناق پەيدا بولدى.
ـــ ئەمدى دەرسنى رەسمىي باشلايمىز، مەن ئاۋۋال ناخشىنىڭ تېكىستىنى بىر ئوقۇپ بېرەي- ھە!ـــ دېدى مۇئەللىم.
ـــ كونا جەمئىيەت گويا سۈيى قۇرۇپ كەتكەن، تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان قاپقاراڭغۇ قۇدۇق، قۇدۇقنىڭ ئاستىدا پۇقرالىرىمىز باستۇرۇغلۇق، ئاياللار ئەڭ تېگىدە، ئەڭ- ئەڭ ئاستىدا.
ـــ يېڭى جەمئىيەت گويا بېشىمىزدا پارلاپ تۇرغان قۇياش، ئۇنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى دېھقانلىرىمىزنى يورۇتماقتا، ئاياللار ئازادلىقى پارتلىدى، پارتلاپ جاھاننى زىلزىلىگە سالدى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11890

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-08
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: