پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

خالىت ئەرتۇغرۇل:ئوت ئىچىدە تاۋلاندىم

كۆزگە كۆرۈنگەن مائارىپچى،داڭلىق يازغۇچى دوكتۇر غالىت ئەرتۇغرۇل تۈركىيەنىڭ ئادىيامان ئۆلكىسىدىكى بەسنى شەھرىنىڭ شامبايات يېزىسىدا تۇغۇلغان.

غازى ئۇنىۋىرستىتىنىڭ مائارىپشۇناسلىق كەسپىدە ئوقىغان،دۆلەت ئۇنىۋىرستىتىدا ئاممىۋى باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا، ساكاريا ئۇنىۋىرستىتى ئىجتىمائى پەنلەر بۆلىمىدە دۆكتورلۇق ئوقۇغان.دۆلەتنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى،مەكتەپ مۇدىرى ،مىللى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا  نۇرغۇن ئالىي مائارىپ ئوگانلىرىدا تۈرلۈك نۇتۇقلارنى سۆ‍زلىگەن.

،مائارىپ ۋە مەدەنىيەت باش تېما قىلىنغان نۇرغۇن كىتاب ۋە ماقالىلەرنى يازغان.

50 پارچىغا يېقىن كىتابى نەشىر قىلىنىپ زور ئالقىشلارغا ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن،خالىت ئەرتۇغرۇل يەنە ئۇدا بىر نەچچە يىل شۇ يىلدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر يازغۇچى،ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان.

ئۇنىڭ كىتابلىرىدىن :

ئۆزىنى ئىزدىگەن ئادەم

ئۆزۈمنى تاپتىم

ئوقۇرمەنلەردىن ئىبرەتلىك مەكتۈپ

ھاياتىمغا باھار كەلدى

مەكتەپ ۋە ئائىلىدىكى پەرزەنت تەربىيىسى

دۇنيانى يىغلاتقانلار

قىيادىن قايتىش

يېڭى بىر ھايات

سىز كىم؟

ئۆزىمىزنى قانداق تەربىيلەيمىز؟

ئەزان بىلەن ئويغۇنۇش

ھەممىنىڭ ئۇستازى مذهۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمدۇر

مائارىپىمىزدا بەدىئۇززامان مودىلى

ئادىمىيلىككە ئاتالغان ھايات

ئاخىرقى ئۈمىد

جەننەتكە ماڭغان گۇناھكار

ئىبرەت ۋە كۆز يېشى

ئوت ئىچىدە تاۋلاندىم

يالقۇن  ئىچىدە ئېچىلغان چېچەك

سەجدىدىكى ئاخىرقى نەپەس

قاتارلىقلار بار بولۇپ «ئوت ئىچىدە تاۋلاندىم» ۋە «ئۆزىنى ئىزدىگەن ئادەم» ناملىق كىتابلىرى ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسەرلىرىدۇر.

ئوت ئىچىدە تاۋلاندىم

خالىت ئەرتۇغرۇل (تۈركىيە)
تەرجىمىدە:مەلەك

ئەمدى نۆۋەت ئىلىم پەن مۇئەللىمىگە كەلدى

بىردە ئەزىزلىنىپ بىردە خارلىنىدىغان بۇ ھايات يولىدا مۈشكۈلاتلار كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقاندەك قىلاتتى،ئەمما ئەڭ مۇھىم ،ئەڭ كەسكىن،قېيىن ئۆتكەللەرنىڭ تۇمشۇقىمىزغا كېلىپ قالغىنىنى سەزمەي كۈن كەچۈرۋاتاتتۇق.
ھەر كۈنى ئەتىگەندە مۇئەللىملەر سىنىپقا كىرىپ شەخسى تازىلىقىمىزنى تەكشۈرەتتى.قوللىرىمىزغا،تىرناقلىرىمىزغا،قول ياغلىقلىرىمىزنىڭ بار-يوقلۇقىغا قارايتى.
ئۇ كۈنى مەكتىپىمىزگە يېڭى كەلگەن ئىلىم-پەن مۇئەللىمىمىز تۇنجى دەرسىنى تازىلىق تەكشۈرۈشتىن باشلىدى.
مەكتەپكە كېيىن كىرگىنىم ئۈچۈن بويۇم ساۋاقداشلىرىمدىن ئېگىزرەك ئىدى،شۇ سەۋەپ ئەڭ كەينىدە ئولتۇراتتىم.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى قول ياغلىقىم يوقتى،ئاياغ مايلايدىغانلىقىم ئۈچۈن ،قوللىرىمنىڭ ئۈستى ۋە تىرناقلىرىمنىڭ ئىچى يۇيساممۇ ئاسان چىقمۇغۇدەك دەرىجىدە قارامتۇل بولغاچقا كىر كۆرىنەتتى.
پارتىنىڭ ئۈستىدە قولۇمنى كۆرگەن مۇئەللىمىمىز ھەيرانلىق ئىلكىدە ۋارقىراپ كەتتى.
-ۋاي!بالام ! بۇ قانداق قول؟ سەن بۇ ئۆمرۈڭدە قولۇڭنى پەقەت يۇيۇپ باقمىدىڭمۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە قول ياغلىقىڭمۇ يوق ئىكەن،چۈشەندىم شەخسى تازىلىقىڭغا دىققەت قىلمايدىكەنسەن.
ئۇ شىددەت بىلەن تۇيۇقسىز بېشىمنى پەسكە ئىتتىرۋىدى ،ئۆزۈمنى تۇتالماستىن پارتىغا ئۈسسۈپ سالدىم.گىرۋەككە تىگىپ كەتكەچكە پىشانەمدىن قان ئېقىشقا باشلىدى.
مۇئەللىم بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ئىتراپ قىلماستىن ئەكسىچە تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراشقا باشلىدى:
-سەن قانداق ئوقۇغۇچىسەن،سېنىڭ شەخسى تازىلىق ئادىتىڭ مۇشۇمۇ؟بۇ ھالدا مەكتەپكە كېلىشتىن نۇمۇس قىلمىدىڭمۇ؟ھۇ دۆت !سېنىڭ بىغەم ئاتا-ئاناڭنىڭ سەن بىلەن كارى يوقمۇ؟
بىر ياندىن يول بويلاپ پىشانەمدىن ئېقىۋاتقان قان يەنە بىر تەرەپتىن مۇئەللىمنىڭ چىدىغۇسىز ئاھانەتلىرى يۈرىكىمنى ئەزگەنىدى.
سىنىپتىكى بارلىق بالىلارنىڭ كۆزى مەندە ،بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىنىڭ ئازابىنى ھېس قىلىشىۋاتقاندەك جىمىپ كېتىشتى.
پىشانەمدىكى قانلار يۈزۈمگە ئېقىشقا باشلىغاندا پارتىدىشىم چىدىيالماي قول ياغلىقىنى چىقىرىپ سۈرتۈشكە باشلىدى،بۇ ئېغىر زەربە ئاستىدا،سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمەسلىكىم ھەم جىم تۇرۋىلىشىم مۇئەللىمنىڭ ئەرۋايىنى تېخىمۇ ئۇچۇرۋەتتى،ئۇ بۇ ئىپادەمنى پىسەنت قىلماسلىق،ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارايتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشىم ۋە بويۇم سېنىپتا كۆزگە چىلىققۇدەك بولغاچقا بۇ ئىپادەمنى ئەسلا كۆتىرەلمەيتى.ئەمما مېنىڭ شۇ تاپ كىچىكلەپ يەر ئاستىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىمنى ،قانچىلىك تۈگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى بىلمەيتى.
مەن يېشىم كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ دەرت –ئازابلارنى ئاز تارتمىغان ئىدىم،كاشكى سىنىپتا،ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا بۇنچىلىك ھاقارەتلىنىپ تۆۋەن كۆرۈلگەندىن ئۆلۈپلا تۈگەشسەمچۇ.
ئىچىمنى قۇرت كەبى يەپ، مىڭەمنى پارتلاپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئاغرىتقان بۇ ھادىسىنى كاللامدىن چىقىرالماي دەرس تۈگىگىچە ئۈن-تىنسىز ھالدا كۆز يېشى تۆكتۈم.
دۇنيادىن ئۈمىدىمنى ئۈزگەن ھالدا روھى چىقىپ كەتكەن جەسەتتەك ھالدا ئۆيگە قاراپ ماڭدىم،كاللامدا ھەر ۋاقىت جاراڭلاپ تۇردىغان بىر سۇئال بار ئىدى:«بىزنىڭ بۇ ھالىمىز ئەمدى قانداق بولۇپ كېتەر،ئاللاھىم ئۇلار بىزنى زادى قاچان چۈشىنەر؟زادى قاچان؟»
يارىلانغان بۇ قەلبىم،قوچالغان بۇ مىڭەم بىلەن چارە ئىزدەيتىم،بۇ ھالىمنى ئانامغا نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى ئويلايتىم،كاللام بەئەينى ئۇرۇش مەيدانى ئىدى.
داۋاۇت خوجىنىڭ ئانام ئىككىمىزنى يوقلاپ كەلگەندە قىلغان نەسىھەتلىرىدىن ئىككى جۈملىسى يادىمغا كەلدى:«دەرتنىڭ چارىسى دەرت ئىچىدىدۇر،ئاغرىقنىڭ دورىسىمۇ ئاغرىقتا يوشۇرۇنغاندۇر،ئەڭ چوڭ مۇۋاپىقىيەت ئەڭ ئېغىر رىيازەتتىن باشلىنار،سەبىر،شۈكۈر ۋە غەيرەت ئادەمنى جەننەتكە يىتەكلەيدىغان سىھىرلىك بىر قولدۇر»
«خوش،ئۇنداقتا بۇ كۆتۈرگۈسىز جاپانى غەلبىگە قانداق ئايلاندۇرىمەن؟»شۇلارنى ئويلاۋاتقاندا سېھىرلىك بىر قول ماڭا ماڭا يول كۆرسەتتى.مەكتەپ مۇدىرىمىز شۇنداقلا تۈرك تىلى ئوقۇتقۇچىمىز زىكىرىيا مۇئەللىمنىڭ ئۆتكەن سائەتتىكى گەپلىرى ئېسىمگە كەلدى:
«بالىلار،كەچتە ئۆيۈڭلەرگە قايتقاندا شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ئەھمىيەتلىك،مۇھىم ئىشلارنى دەپتەرگە خاتىرلەپ مېڭىڭلار،ھەم ئىچىڭدىكىلەرنى تۆكۈپ يىنىكلەپ قالىسىلەر ھەمدە يېزىقچىلىق قابىلىيىتىڭلار ئۆسۈپ قالىدۇ،بەلكىم ئاللاھ خالىسا داڭلىق يازغۇچى بولۇپ قېلىشىڭلارمۇ مۇمكىن.»
يازغۇچى بولۇش…تۇنجى قېتىم كاللامغا كىرگەن بىر شىپالىق دورا كەبى بىلىندى،يازغۇچى بولۇشنىڭ تاتلىق خىياللىرى ئىلكىدە ئۆيۈمنىڭ ئالدىغىمۇ كەپ قاپتىمەن.
ئانام بۇ ھالىمنى كۆرۈپ يۈرىكىگە خەنجەر يىگەندەك ئاھ چكىپ كەتتى.
-كۆز نۇرۇم بۇ نېمە ھال؟نېمە بولدۇڭ يۈرەك پارەم؟
ئۇ ئالاقىزادىلىك ھەم ھەيرانلىق ئىلكىدە نېمە قىلىشىنى بىلمەي يۈز-كۆزۈمنى سىيلايتى.
-ھىچنىمە بولمىدى ئانا،پۇتۇم تېيىلىپ كېتىپ پارتىغا ئۈسسۈپ سالدىم.
ئانام سۆزۈمگە ئىشەندى،ئىشەنەتتى چۈنكى مېنى ئەزەلدىن يالغان سۆزلىمەيدۇ دەپ قارايتى،قانداق قىلىمەن،ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماسلىق ئۈچۈن يالغان سۆزلىمەكتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى،دېمىسىمىغۇ پارتىغا ئۈسسۈپ سالدىم،ئەمما پۇتۇم تېيىلىپ ئەمەس بەلكى ئىلىم-پەن ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىدىن ئىدى.
ئانام يەنە ئاغرىپ قالغانىدى،تىنى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى،ئۇ ئالدىمغا تۈنىگۈندىن ئېشىپ قالغان پولۇنى قويغاندا،تاماققا ئېغىز تەگكەچ ئۇنىڭغا قارىدىم.سارغايغان يۈز،بارغانسىرى كىچىكلەپ كېتىۋاتقان بەدەن،چوڭقۇر كۆز چاناقلىرىدا مۆلدۈرلەپ تۇرغان نۇرسىز كۆزلەر،ئەلەملىك بېقىشلار ئىچىمنى ئېچىشتۇرۇپ كاللامغا كەلمىگەن خىياللارنى كەلتۈرەتتى.
ئانام جىددى داۋالانمىسا ئاللاھ ساقلىسۇن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام بۇ ھالىم نە بولۇر،بۇنى ئويلىساممۇ يۈرىكىم جىغىلدايتى.
بۇ يېشىلمەس تۈگۈنلەر،مۇرەككەپ خىيال-ئەندىشىلەر ئىلكىدە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئولتۇردۇم،ئانام مۇ ھۇجرىسىغا كىرىپ ياتتى،ئۇ ئاڭلاتماسلىق ئۈچۈن شۇنچە تىرىشسىمۇ ئۇنىڭ ئاغرىق ئازابىدىن تولغىنىشلىرى،ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈشلىرى ،ئىڭراشلىرى پات-پات ئاڭلىنىپ قالاتتى.
ئۈستۈمنى قاپلىغان تونلارچە ئېغىرلىقتىكى بۇ ئەلەمنى،قولۇمغا قەلەپ ئېلىپ يېزىپ مۇئەللىمىمىز ئېيتقاندەك يېنىكلىمەكچى بولدۇم.ئەمما بۇ باشلىنىشنىڭ ھاياتىمغا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.
دېمەك ئاللاھ،قۇلىنىنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىدە،ئۇنىڭغا نەپەس ئالغۇدەك،ۋە قەلبىدە ئۈمىد نۇرلىرى پەيدا قىلىدىغان مەرھەمەت ئىشىكىنى ئاچىدىكەن.
ئىلىم-پەن مۇئەللىمىمىزنىڭ مېنى سىنىپتا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا ھاقارەتلەشلىرىنى ئىچىمدە قان يىغلاپ،كۆزلىرىمدىن يامغۇردەك تۆكۈلۈپ تۇرۇپ قەغەز يۈزىگە تۆكتۈم.شۇنچىلىك تەستە ھەر بىر سۆزنى مىڭ يىغلاپ تۇرۇپ يازدىم،ئاجىزلىقىم،ئامالسىزلىقىم ،يىتىملىكىم ھەرپمۇ-ھەرپ،قۇرمۇ-قۇر دەريا بولۇپ ئاقتى،ئاققانسىرى راھەتلىنىپ قالدىم،راھەتلەنگەنسىرى تېخىمۇ يازدىم.
ئىككى بەت توشتى،بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدە يازغان تۇنجى ماقالەم ئېدى.نە ھېكايىگە نە نەسىر-چۆچەككە ئوخشىمايتى،قەلىمىم قانداق ماڭسا شۇ يول بىلەن قويۇپ بېرىپ يېزىۋەرگەنىدىم.
ئەتىسى سەھەردىكى دەرسىمىز تۈركچە ئىدى.مەكتەپ مۇدىرىمىز ئاتىلارغا خاس مېھرىبانلىققا ۋە سالاپەتكە ئىگە ئادەم ئىدى، سۆيگۈ تولغان كۆزلىرى بىلەن بىزلەرگە كۈلۈمسىرەپ «ئادىمىي مۇھەببەت» تېمىسىدىكى دەرسىنى مۇھەببىتى بىلەن ئىسپاتلىغان ھالدا سۆزلەشكە كىرىشتى.

ئوقۇتقۇچۇمنى ئەرز قىلالمىدىم

مۇئەللىم يېنىمغا كەلگىنىدە پىشانەمدىكى تېڭىقنى بايقاپ قالدى.

-بالام،نېمە بولدۇڭ ؟دېگىنىچە قاشلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ يېنىمغا كەلدى.

بېشىمنى مەيۈسلارچە ئەگدىم،ئىچىمدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقان دەرتلىرىمنى ئىچىمگە يۈتىۋىتىشكە ،ئاشكارلاپ قويماسلىققا تىرىشىپ لىۋىمنى چىڭ چىشلىدىم.

-دېگىنە قېنى ،نېمە بولدى پىشانەڭگە؟

مەندىن جاۋاپ ئالالماي ساۋاقداشلىرىمدىن سورىدى.

-نېمە بولدى دوستۇڭلارغا؟

ھەسرەت قول كۆتۈرۈپ،كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا:

-ئىلىم-پەن مۇئەللىمىمىز دېدى.

-ئۇ قىلدىمۇ؟

-شۇنداق…

-نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدى؟

-قوللىرىنى يۇمايدىكەن دەپ.

مۇدىرنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى،بۇرنىنىڭ تۆشۈكلىرى بىردە كېڭىيپ بىردە تارىيىپ ،كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى.

-بۇ بالىنىڭ مايلامچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەمدىكەن؟قوللىرىنىڭ تىرىسىگە ئىچىپ كەتكەن ئۇ ماينىڭ ئاسان چىقمايدىغانلىقىنى بىلمەمدىكەن؟

ئۇ ئاچچىقلانغىنىچە ماڭا قارىدى:

-ماڭا قارا بالام،مەن ساڭا قانچە قېتىم دېدىم،بىرەر ئىشقا دۇچ كەلسەڭ ماڭا دېگىن دېمىدىممۇ،نېمىشقا يېنىمغا كەلمىدىڭ؟

يەنە جاۋاب بەرمىدىم،ئۇ سومكىسىدىن قەغەز چىقىرىپ ئالدىمغا قويدى.

-ياز،دېدى.مۇئەللىمىڭ قىلغان ئۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان قىلمىشلار ئۈستىدىن شىكايەتنامە ياز،مەن نېمە دېسەم شۇنى ياز،قالغىنىغا مەن ئېگە دېدى.

ئۇ ئاخىرقى جۈملىنى شۇنداق قاتتىق ئېغىر بىر ۋەزىندە ئېيتتىكى ،گېپىنىڭ ئورامىدىن ئىنتىقام ،ۋە ئۆچمەنلىك تەپچىپ تۇراتتى.

قولۇمغا قەلەمنى ئالدىم،جىددىيلىشىپ قوللىرىم تىترەپ قەلەم چۈشۈپ كەتتى.

يازالمىغىنىمنى كۆرگەن مۇدىر:

-بالام سەن دېگىنىم بويىچە قىل،ئادىمى پەزىلىتىدە نۇقسان بولغان بۇنداق ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ مەكتەپتە ئىشى يوق.

-مۇئەللىم،مەن ئۇنداق قىلالمايدىكەنمەن،بېرەر يامان ئاقىۋەت چىقىشىنى خالىمايمەن،ئۇنىڭمۇ بالىلىرى بار، دېدىم.

-ئاھ مېنىڭ مەسۇم ئوغلۇم،دېمەك بالىلىرىغا شۇ سەۋەپ زىيان يېتىپ قالمىسۇن دەپ ئەرز قىلمايسەن شۇنداقمۇ؟

مۇدىرنىڭ ئاچچىقتىن غەزەپ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى بىردەمدە نەملىنىپ،ياش ئەگىدى.

سىنىپ ئىچىدە كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدىغان بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى،زىكىرىيا مۇئەللىم بۇ كەيپىياتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن گەپنىڭ تېمىسىنى بۇرىدى.

-بالىلار،ناھىيە ھاكىمى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىلار ئارا ماقالە يېزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى،ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىگە كىرەلىگەنلەر نەق پۇل مۇكاپات بېرىلىدۇ.بېشىڭلاردىن ئۆتكەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بولسا يېزىپ ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار،مۇسابىقىگە ئەۋەتەيلى،بەلكىم ئاراڭلاردا نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلار چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

بارچىنىڭ كۆزى ماقالىنى ئەڭ ياخشى يازىدىغان،تولىمۇ مەنىلىك گەپ قىلىدىغان،ماقالىلىرى كۆپ قېتىم ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن ماختاشقا سازاۋەر بولغان ھەسرەتكە تىكىلدى.مەنمۇ ئاخشام يازغانلىرىمنى سومكامدىن چىقرىپ مۇدىرغا ئۇزاتتىم :

-بۇنى تۈنۈگۈن ئاخشام يازغانىدىم،تۈنىگۈن بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار،دېدىم .

مۇدىر قەغەزلەرنى قولۇمدىن ئېلىپ دەرس مۇنبىرىگە بېرىپ ئوقۇشقا كىرىشتى.

پۈتۈن سىنىپتىكىلەر ماڭا ئوخشاشلا پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۇنى كۆزىتىپ ئولتۇراتتى.

بىر چاغدا شۇ ئىككى بەتلىك كەچۈرمۈشنىڭ قايناملىرىغا چۆكۈپ كەتكەن زىكىرىيا مۇئەلىىرىمنىڭ قاشلىرى يىمىرلىپ،لەۋلىرى تىترەپ،يۈزلىرى تاتىرىپ، ئىڭەكلىرى ئىسيان كۆتۈرۋاتقاندەك ئالدىغا سوزۇلدى.

ئىككىنچى بەتنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە گەز باغلىغان لەۋلىرى تىترەپ، قاپقارا ،ئويچان كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى،چوپچوڭلا بىر ئادەم ،يوغان بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى يىغلاۋاتاتتى،پات –پات قولىنىڭ كەينى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ قوياتتى.

كەچۈرمىشلىرىمنى ئوقۇپ بولۇپ ،ئۈن –تىنسىز ھالدا ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ:

-بالىلار،بۇ ماقالە مېنى نېمە ئۈچۈن يىغلاتتى بىلەمسىلەر؟ چۈنكى بۇ ماقالە كۆز يېشى بىلەن يېزىلغانىكەن ،پەقەت، كۆز يېشى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلا كۆز يېشى بىلەن ئوقۇلىدۇ.بۇ ماقالىنىڭ ھەربىر ھەرىپى ئەلەم ۋە ئازابقا تولغان،تەسۋىرلەر كىشىنى تەسىرلەندۈرەلىگىدەك دەرىجىدە تولىمۇ تەبئي ۋە ساپ.ئىنشائاللاھ بۇ ماقالىنى يازغان دوستۇڭلار كەلگۈسىدە داڭلىق بىر يازغۇچى بولۇپ قالىدۇ، دېدى ۋە يېنىمغا كىلىپ چاچلىرىمنى سىيلاپ،مەڭزىمنى قوللىرى ئارىسىغا ئېلىپ :

-تارتقان بۇ ئەلەملىرىڭ ئۈچۈن بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن ۋە بۇ ماقالەڭ ئۈچۈن سېنى تەبرىكلەيمەن ، دېدى .

تولىمۇ زىل ،كىشىنىك كۆڭلىنى بەكمۇ ئايايدىغان بۇ مۇئەللىمىمىز يالغۇز ماقالىنى ماختاش ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى مېنىڭ يارىلانغان روھىمنى كۆتۈرۈش ،ئۈمىدلەندۈرۈش ئۈچۈن سۆزلەۋاتاتتى..

-بۇ ماقالىنى مۇسابىقىگە ئەۋەتىپ بېرىمەن،ئەمما مۇسابىقىدە مۇكاپاتلىنىشى ياكى مۇكاپاتلىنالماسلىقى  مۇھىم ئەمەس،چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمدە ئاللىبۇرۇن بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ بولدى ،دېدى .

شۇ ئەسنادا سىنىپتا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى،ئەي كىچىكلىك،يېرىم سائەت بۇرۇن ئەلەم بىلەن تولغان بۇ قەلبىمدە مانا بىردەمدىلا خۇشاللىق مەۋج ئۇراتتى،بىر ئادەمگە ئۈمىد بېغىشلاش، ئىلھام بېرىش ۋە غەلبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشتىنمۇ ئارتۇق مىتودقا ئىگە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولماس،بۇنى شۇ كۈنى چۈشىنىپ يەتتىم.

مۇدىر ھەسرەتكە قاراپ :

-قىزىم،سەنمۇ يازغىن، ئىشىنىمەنكى سېنىڭ يازغانلىرىڭمۇ قالتىس چىقىدۇ دېدى.

ھەسرەت يېشىغا ماس كەلمىگەن بىر ئېغىې بېسىقلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ:

-ھىچقىسى يوق مۇئەللىم،مەن ئارىفقا ئوخشاش ياخشى يازالمايمەن،ھەم ئارىفنىڭ رەقىبى بولۇشنى خالىمايمەن، دېدى .

مۇدىر كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى ۋە ھەسرەتنىڭ بۇ روھىنى ماختىدى.

بىرىنچى بولغانىدىم

ئۇزاق ئۆتمەي بىرىنچى بولغانلىقمنىڭ خەۋىرى كەلدى،بەلكىم مۇدىر ئەپەندىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بۇ دەرىجىنى ماڭا بەرگەندۇ،ئىشقىلىپ نېمە بولسا بولسۇن خوشلۇقۇمدىن بېشىم كۆككە تاقاشقانىدى.

ناھىيىمىزنىڭ ھاكىمى ماڭا نەق پۇل مۇكاپاتىنى بەرگەچ سورىدى:

-بۇ پۇلنى نېمىگە ئىشلىتىسەن،قەيەردە خەجلەيسەن؟

ئويلىنىپ ئولتۇرماستىنلا جاۋاپ بەردىم:

-ئانامغا دورا ئالىمەن،ئەگەر ئېشىپ قالغۇدەك بولسا بىر ئىشتان بىلەن بىر ئاياغ ئالىمەن.

ئىشتىنىمغا تولا ياماق چۈشۈپ بەكمۇ كونىراپ كەتكەچكە سىنپقا كىرىپ چىققۇچە دوستلىرىم ماڭا قاراۋاتامدىغاندۇ دەپ بەكمۇ خىجىل بولاتتىم،ئايىغىممۇ يىرتىق ئۇنىڭ ئۈستىگە پايپاقسىز كىيگەن بولغاچ پۇتۇمنى قانىتىپ يارا قىلىۋەتكەنىدى.

ھاكىم ئۈستى بېشىمغا قارىدى ۋە ئىڭىشىپ تۇرۇپ سورىدى:

-بالام،سېنىڭ بېرەر ئېگە-چاقاڭ يوقمۇ؟

مەكتەپ مۇدىرىمىز ئوتتۇرىغا كىرىپ ئەھۋالىمنى بىر قۇر سۆزلەپ بەردى.ھاكىم ئەتراپىدىكىلەرگە شۇ زامان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ :

-بۇ بالىنىڭ پۈتۈن ئىھتىياجلىرىنى قاندۇرۇڭلار،ئانىسىنىڭ دورا پۇلىنىمۇ ھەم تەييارلاڭلار.

دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ياخشى خەۋەر بولماس مەن ئۈچۈن ،دەرتنىڭ ئىچىدىكى دەرمان،كىسەلنىڭ ئىچىدىكى شىپا دەل مۇشۇ بولسا كېرەك.

ئىلىم-پەن مۇئەللىمىمىزگە شۇنداق ئاچچىغىم بار ئىدى،ئەمما ئۇنىڭ شۇ قىلغانلىرىنى رەببىم مەن ئويلاپمۇ باقمىغان بۇ ياخشىلىقلارغا ئايلاندۇرۇپ بەرگەنىدى.

شۇ ئاخشىمى ئانام بىلەن تولىمۇ گۈزەل بىر كۈننى ئۆتكۈزدۇق،ئۆز كۆڭلىمىزدە بىز دۇنيانىڭ ئەڭ باي ئائىلىسى ئىدۇق،شۇنداق تاتلىق خىياللار قاينىمىدا كۆزىمىزگە ئۇيقۇ كىرمەيتتى.

يەنە يىرتىلىپ كەتمىسۇن دەپ يا يېڭى ئايىغىمنى يا يېڭى ئىشتىنىمنى كېيەلمىدىم.ئاناممۇ يىمەكلىكلەرنى بىر توغرام بىر توغرامدىن ئىشلىتەتتى، «تۈگەپ كەتسە ئالالمايمىز » دەپ ئەندىشە قىلاتتى.

ھاكىم ئەپەندىنىڭ ئىلتىپاتلىرى ئاستىدا يۈزىمىزلىرىمىزدە خېلى كۈنلەرگىچە كۈلكە جىلۋە قىلدى.

ئانامنى تۈگەشتۈرگەن شۇم خەۋەر

ئاجرىشىش دەۋاسىدىن كېيىن ئانامنى ئىككىنچى قېتىم ۋەيران قىلغان خەۋەر ،دادامنىڭ ئىككىنچى ئايالىدىن 12 ياشلىق بىر قىزىنىڭ بارلىق خەۋىرى ئىدى.

بۇ خەۋەر ئۆيىمىزگە بومبا كەبى چۈشكەنىدى، گويا بۇ بىر خەۋەر ئەمەس بەلكى ئانامنى تاشتىن تاشقا ئۇرىۋاتقان،پۈتۈن ۋۇجۇدىنى پارە-پارە قىلىدىغان بىر قورقۇنۇشلۇق قىيامەت ئىدى.بۇ شۇنداق بىر قىيامەت ئىدىكى ھەممە نەرسىنى بىر-بىرىدىن، يىلتىزدىن قومۇرۇۋىتىدىغان ۋە  ھەممە نەرسىنى بىر بىرىگە قوشۇۋىتىدىغان .

ئانامنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى،ئاخىرقى خىياللىرى،مىليوندا بىر پىرسەنت ئىھتىماللىقى بولغان بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمى بىلەن قايتا يارىشىش ئۈمىدى كۆيۈپ كۈل بولغانىدى.

ئۇ ئادەمنى بىر مىنۇتمۇ يادىدىن چىقىرالمايدىغان ئانام ھاياتقا بولغان ئۈمىدىنى يوقىتاتتى.

ئانامنىڭ جانىجانى،مېنىڭ دادا خىيالىم بەرپات بولدى،بۇ مەھرۇملۇق بىزنىمۇ تۈگەشتۈرەتتى،پەرىشان قىلاتتى.

ئۆيىمىزگە قىيامەت بولىۋاتقان مۇشۇ  ئازابلار ئىچىدە دادامغا خەت يېزىپ ھالىمىزنى ئاڭلاتقۇم كەلدى، ئەمما جۈرئەت قىلالمىدىم.

تولۇقسىزنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىققىنىمدا ئانام ئورنىدىنمۇ تۇرالماي، گېلىدىن بىر تامچە سۇ،بىر بۇردا نان ئۆتكۈزەلمەس دەرىجىگە باردى.

ئۆلۈم ۋەھىمىسى،كىچىككىنە دۇنيارىمنى قاپلىۋالدى،ئانامنىڭ سەكراتقا چۈشكەندەك يېتىشلىرى،ۋە ئەندىشىلىك ،قالايمىقان خىياللار يىلان كەبى پۈتۈن قەلبىمنى چىرماپ مېنى ھەم زەھەرلىمەكتە ئىدى.

ئۇ كۈنى قەدىر كېچىسى ئېدى ،مەن بىر بۇردا قاتتىق ناننى سۇغا تۆگۈرۈپ يۇمشىتىپ ئىپتار قىلدىم.

ئۇ كۈنى گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىپ،دۇئالىمىز قوبۇل بولىدىغان،تىلەكلىرىمىز ئىشقا ئاشىدىغان بىر خاسىيەتلىك كېچە ئىدى.ئانامنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن يىغلاپ يالۋۇرۇپ دۇئا قىلدىم.

ئانام بولسا ئىڭراشلىرىمۇ توختىغان،ئاستا-ئاستا جېنى چىكىتىۋاتقاندەك،ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشقا باشلىغانىدى،بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىچىم بەكمۇ ئېيچىشىپ كەتتى،ئۆلۈم ۋەھىمىسى خەنجەر كەبى مىڭەمگە تىقىلىۋاتتى، ئۆز-ئۆزۈمنى كونتىرول قىلالمىغىدەك دەرىجىدە دىر-دىر تىترەشكە باشلىدىم.

بىزنى قۇتقۇزۇڭلار

ئانامنىڭ كۆزلىرى ئوڭ-سولغا تارتىلىشقا باشلىغاندا قورقۇنچ ئىچىدە پەريات كۆتۈرۈپ:

-ئانا! دەپ ئۈستىگە ئېسىلدىم،ئانا جېنىم ئانا،سەن ئۈچۈن جېنىم پىدا ئانا،ئۆتۈنۈپ قالاي ئۆلمە،مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتمە،مەن سەنسىز قانداق ياشايمەن ،ئانا !كۆزۈڭنى ئاچ،سەن ئۆلسەڭ مەنمۇ ئۆلىمەن، مېنى بۇ ھالدا تاشلاپ قويما!

يۈزلىرىمنى تاتىلاپ،ھۆڭرەپ يىغلاشلىرىم،بۇ پەريادلىرىم ئانامنىڭ دۇنياسىدا ئەكىس سادا بولۇپ ياڭرىغان بولسا كېرەك،كۆزلىرىنى ئاچتى .گەز باغلىغان لەۋلىرىنى مىدىرلاتتى،كۈچسىز قوللىرىنى مېنى قۇچاقلىماق ئۈچۈن سەل-پەل كۆتۈردى،جانسىز،ۋە نۇرسىز كۆزلىرىنى يامغۇر كەبى ياشلار تۆكۈلىۋاتقان كۆزلىرىمگە تىكتى.

-كۆز قارچۇقۇم،قورقما مەن ھېچنىمە بولمىدىم ،دېدى .

ئاغزىدىن چىققان ئەڭ ئاخىرقى سۆز «ناماز» بولدى ،ئەڭ قېيىن كۈنلىرىدىمۇ ئىبادەتنى تاشلىمىغان ئانام،ناماز قىلالماسلىقنىڭ ئازابىنى چېكىۋاتاتتى،ۋە يەنە ئېغىر بىر تىنىپ كۆزلىرىنى يۇمدى.

بۇ قېتىم ئۇنى رەسمى :«كۆز يۇمدى » دەپ ئويلاپ ئۆزۈمنى يوقاتقان ھالدا ساراڭلارچە يۈز –كۆ‍ۈمنى كاچاتلاپ:

-ياردەم قىلىدىغانلار يوقمۇ ؟دەپ ۋارقىرىدىم ئۆينىڭ ئىچىدە مەۋھۇم بىر يۆنىلىشكە قاراپ ،ياردەم قىلىڭلار،ئانام ئۆلگىلىۋاتىدۇ،ياردەم قىلىڭلار!

بۇ پەريات شۇنداق ئېچىنىشلىق ئىدىكى ،يۈرەك-باغرىم سۆكۈلۈپ كەتكەندەك،نەپىسىم بوغۇلۇپ،كارنىيىم يىرتىلىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتىم.

ئاۋازىمنى بىرىلىرىنىڭ ئاڭلىشىنى ئىچ-ئىچىمدىن تىلەيتىم،ئەمما كىم ئاڭلايدۇ،ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپىدا بىرەر يېقىن قوشنىمىزمۇ يوق ئىدى،بىزنىڭ ئۆيىمىز ئەڭ چەتتە يەنى مەھەللىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر بۇلىڭىدا ئېدى.

تىزلىنىپ ئولتۇردۇم،قوللىرىمنى ئېچىپ ئاۋازىمنىڭ يېتىشىچە ۋارقىرىدىم:

«ئاللاھىم تىز ياردەم قىلغىن ،ئانام كەتكىلىۋاتىدۇ ! »

شۇ ئەسنادا ئۆمرۈم بويى ئۇنۇتمايدىغان بىر ئىش يۈز بەردى،بەلكى چارىسىزلىك ئىچىدە چارە ئىزدىگەن،مەسۇم ۋە گۇناھسىز ئانامنىڭ ھۆرمىتى يۈزسىدىن باشتىن كەچۈردۇق بۇ سىرلىق ۋەقەنى.

102-122 بەتلەردىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10411

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-12
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 1دانە
  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ‹شۇ ئەسنادا ئۆمرۈم بويى ئۇنۇتمايدىغان بىر ئىش يۈز بەردى،بەلكى چارىسىزلىك ئىچىدە چارە ئىزدىگەن،مەسۇم ۋە گۇناھسىز ئانامنىڭ ھۆرمىتى يۈزسىدىن باشتىن كەچۈردۇق بۇ سىرلىق ۋەقەنى.›
    بۇ سىرلىق ۋەقەنىڭ بايانى يوقمۇ؟ ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، مۇمكىن بولسا تۈركچە نۇسقىسىنى ئېلخەتكە ئەۋەتىپ قويغان بولسىڭىز…
    ilghar@hotmail.com

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: