پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئوسكار ۋىلدنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ئۇنىڭ «دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى»ناملىق رومانى ھەققىدە

ئوسكار ۋىلدنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ئۇنىڭ

«دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى»ناملىق رومانى ھەققىدە

ھەزرىتى ئەلى بارات

19- ئەسىردىكى ئىستېتىزمنىڭ ۋەكىلى ئوسكار ۋىلدىنى دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئاجايىپ تالانتلىق شەخىس دېيىشكە بولىدۇ . بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاسى چوقۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن بولسا ، بەزىلەر ئۇنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايىتتى . چۈنكى ئۇ پەرىشتىدەك ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئىپلاسلىقنى ئۆزىدە تەڭ مۇجەسسەملىگەن زىددىيەتلىك شەخس ئىدى .

ئوسكار ۋىلدى 1854 – يىلى دۇبلىندا تۇغۇلغان ، قسقىغىنە ھاياتى ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە ئۆتكەن . ۋىلدىنىڭ دادىسى تېخنىكىسى يوقىرى تاشقىي كېسەللىكلەر دوختۇرى بولغاچقا ، ياۋروپادا قۇلاق كېسەللىكىنى داۋالايدىغان دوختۇرلارنىڭ پېشىۋاسى دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغانىدى . تېبابەتتىن باشقا ، ئۇ يەنە ئەدەبىيات ، ئارخېئولوگىيە ئىلىمىگە خېلى پىششىق ئىدى ، ئەمما ئۇ تۇرمۇشتا زىيادە چىرىكلەشكەن ، شەھۋەتپەرەس ، ئاچكۆز كىشى ئىدى . شۇڭا باشقىلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن «ئۇ ھۇشسىزلاندۇرۇش دورىسى بىلەن دىيانەتلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بىر ئايالنى ئازدۇردى» دەپ شىكايەت قىلغان . ئاپىسى جېن ئېركى ناھايىتى تالانتلىق ، شۆھرەت قازانغان شائىرە ھەم پىشقان سىياسىي ئانالىزچى ئىدى . ۋىلدى ئۆيدە دائىم بولۇپ تۇرىدىغان سالونلاردا ئاپىسىنىڭ مېھمانلار بىلەن قانداقتۇر بىر ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى . دېمەك ، ۋىلدى كىچىكىدىنلا ئاتا – ئانىسىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان . شۇڭا ، ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك دەرسلەرنى دادىسىنىڭ ناشتا ۋاقتىدا قىلغان سۆزلىرىدىن ۋە ئاپىسىنىڭ مېھمانلار بىلەن ئۆيدە قىلىشقان مۇھاكىمىلىرىدىن ئالغان ئىدى . ۋىلدى ئاتا – ئانىسىدىن چەكسىز پەخىرلىنەتتى . ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان «تۈرمە ئەسلىمىلىرى» دېگەن ئەسىرىدە ئاتا – ئانىسى توغرىسىدا : «ئاتا – ئانام ماڭا بىر ئىسىم ئاتا قىلدى ، ئۇلار بۇ ئىسمىمنى سەنئەت ، ئارخېئولوگىيە ، ئىلىم – پەندىلا ئەمەس ، يەنە ۋەتىنىمنىڭ بىر دۆلەتكە ئايلىنىش تارىخى جەريانىدا تېخىمۇ ئۇلۇغ شان – شەرەپكە ئىگە قىلدى» دەپ يازغانىدى .

ۋىلدى 20 يېشىدا ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ ژۇرناللارغا ماقالە بېرىشكە باشلىدى . ئەينى چاغدا ، داڭلىق يازغۇچى ۋە ئوبزورچى جون راسكىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ مۇزىيىدا بىر يۈرۈش لېكسىيە سۆزلەپ ، ئۆزىنىڭ ئېستېتىكا ئىدىيىسىنى مۇپەسسەل شەرھىيلەۋاتقان ئىدى . جون راسكىننىڭ «پائالىيەتچانلىقى بولمىغان تۇرمۇش جىنايەت ئۆتكۈزگەن بىلەن ، بەدىئىيلىكى بولمىغان پائالىيەت ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان بىلەن باراۋەر» دېگەن كۆز قارىشى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا تازا بازار تېپىۋاتقاندا ، ۋىلدى بۇ كۆز قاراشتىن چوڭقۇر ئىلھام ئالغان ۋە بۇ قاراشنى ھىمايە قىلغان . بۇنىڭدىن باشقا ، ۋارت پىنتېرنىڭ «ئەدەبىيات – سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش توغرسىدا تەتقىقات» دېگەن ئەسىرىمۇ ئۇنىڭ ئىلھامىنى خېلى قوزغىغان ئىدى . ۋىلدى ۋارت پىنتېر بىلەن كېيىن تونۇشقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت»دېگەن تەشەببۇسىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلدى . ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقاندا ، ۋىلدىنىڭ كىيىنىش ، يۈرۈش – تۇرۇش ، گەپ – سۆزى ئۆزگىچە بولۇپ ، ئۆيىمۇ ناھايىتى ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئىدى . تەققى – يۇرۇقىدىن تارتىپ ئىش – ھەرىكەتلىرىگىچە ئىستېتىزمچە سالاپەت سىڭىپ كەتكەنىدى . 1877 – يىلى ، ۋىلدىنىڭ ئىتالىيە ۋە گرېتسىيەگە قىلغان سەپىرى ئۆزىنىڭ ئىستېتىكا ئىدىيىسى ۋە سەنئەت نەزەرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلەتتى . ئوكسفوردقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئىستېتىكا پروفېسسورى بولۇپ ، ئىستېتىزملىق ئەدەبىيات – سەنئەت ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلدى . نەتىجىدە ، ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرى تېزلا كۆپەيدى . 1881 – يىلى 7 – ئايدا ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «ۋىلدى شېئىرلىرى» لوندوندا نەشر قىلىندى . بۇ – ۋىلدىنىڭ ئەدەبىيات سېپىگە رەسمىي يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى . شۇ يىلى ئۇ ئامېرىكا ۋە كانادادا ساياھەت قىلغاچ لېكسىيە سۆزلىدى . بۇ جەرياندا ئامېرىكا رومانتىزمچىلىقىنىڭ باشلامچىسى ھېلىن ئېخۇتماننى زىيارەت قىلىپ ، ئۇلارنىڭ غەيرىلىك ۋە ئەسەبىي ھېسسىياتنى قوغلىشىدىغان ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى تەشەببۇس قىلدى . «نىيۇيورك پېشىۋالار گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ۋىلدىنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭدىن :«ئىستېتىزىمنى بىر خىل پەلىسەپە دېيىشكە بولامدۇ؟» دەپ سورىغاندا ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستېتىزم نەزەرىيىسى توغرىسىدىكى كۆز قارىشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى : «ئىستېتىزمنى ئەلۋەتتە بىر خىل پەلسەپە دېيىشكە بولىدۇ . ئىستېتىزم سەنئەتتە يەنە قانداق نەرسىلەرنى بايقاشقا بولىدىغانلىقىنى ، تۇرمۇشقا يوشۇرۇنغان مەخپىيەتلىكلەرنى ئىزدەشنى تەتقىق قىلىدۇ . شۇڭا ئىستېتىزمنى سەنئەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ .»

1883 – يىلى ، ۋىلدى ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۆز ۋاقتىدا ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ يېڭى پىكىرلىرى جانلانغان مەركەز پارىژ شەھىرىگە بارىدۇ . ۋىلدى پارىژدا گوگۇل ، ھىيۇگۇ ، دود قاتارلىق يازغۇچىلار ، بىر قىسىم داڭلىق ئارتىسىتلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن تونۇشۇپ ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى ھەدىيە قىلغان ، ھەمدە چۈشكۈنلۈك ئېقىمى ئەدەبىياتى ۋە زۇلانىڭ ئەسەرلىرىدىكى زەئىپ ۋە بىنورمال تەسۋىرلەر ئۈستىدە يۈزەكى تونۇش ھاسىل قىلغان . ئۇ «گراف پادىئاي خانىم» ناملىق دىراممىنى يېزىپ چىقتى ، بۇ تىياتىر «ۋېرا» ناملىق تىياتىرغا ئوخشاشلا تازا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمىدى . لېكىن ، بۇ ئەسەر ئۇنىڭ كېيىنرەك يازغان«دورىيان گرېينىڭ پورتېرىتى» ناملىق رومانىنىڭ پروتوتىپى ئىدى . بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ، ۋىلدىنىڭ مۇشۇ مەزگىلدە روياپقا چىقارغان «سىفنىكىس» ناملىق داستانىدا ئۇنىڭ ئەدەبىي تالانتى ھەقىقىي نامايان قىلىنغان . پارىژ شەھىرى ۋىلدىغا گۈزەل تەسىراتلارنى قالدۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ۋىلدى يېرىم يىلدىن كېيىن لوندونغا قايتىپ كەتكەن .

 1884 – يىلىنىڭ بېشىدا ، ۋىلدى دۇبلىندا بىر پۇلدار ئاۋوكاتنىڭ كانىستان لائوۋرىد ئىسىملىك بىر قىزى بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ . ئۇ بۇ قىزنىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان لاتاپىتى ۋە سەمىمىيلىكىگە مەپتۇن بوپ قالىدۇ ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ قىزغا ئۆيلىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، مۇھەببەت ۋىلدىنىڭ ئىجادىيىتىگە يېڭىچە ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كېلىشكە باشلايدۇ .

1885 – يىلى 5 – ئايدا ، ئۇنىڭ «شادىمان شاھزادە ۋە باشقىلار» («شادىمان شاھزادە» ، «بۇلبۇل ۋە ئەتىر گۈل» «شەخسىيەتچى ئادەم» ، «ساداقەتمەن دوسىت» ۋە «سېھىرلىك راكېتا» قاتارلىق ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن) ناملىق چۆچەكلەر توپلىمى نەشر قىلىندى . بۇ كىتاب نەشر قىلىنىشى بىلەن ، تېزلا غولغۇلا قوزغىدى . ۋىلدىمۇ قىزغىن پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى . «شادىمان شاھزادە ۋە باشقىلار» دېگەن چۆچەك ئەنگلىيىدە تا ھازىرغىچە داڭلىق چۆچەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە . بۇ چۆچەك ھازىرغىچە كۆپ قېتىم نەشر قىلىندى . «شادىمان شاھزادە» دېگەن چۆچەكتىكى باش قەھرىمان شادىمان شاھزادىنىڭ ھەيكىلى شەھەردە خۇددى قەبىھلىك ۋى غۇربەتچىلىككە تولغان جەمئىيەتكە نالە قىلغاندەك ھالەتتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ . بۇ شاھزادە قارلىغاچلارنىڭ ياردىمىدە ۋۇجۇدىدىكى بارلىقىنى نامراتلىق ئىلىكىدە زارلىنىۋاتقان كىشىلەرگە ئاتىغان ، ئەمما ئۆزى قارلىغاچ بىلەن ئەخلەت دۆۋىسىگە جور بولۇپ ، بىر بۇلۇڭدا بويۇن قىسىپ قالغان . ۋىلدىنىڭ «شەخسىيەتچى ئادەم» دېگەن چۆچىكىدە بايان ئىنتايىن ئىخچام بولۇپ ، تىلى گۈزەل ، شېئىرىي پۇرىقى مول بولغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .

1891 – يىلى دېكابىردا ، ئۇنىڭ «ئانار ماكانى» ناملىق يەنە بىر چۆچەكلەر توپلىمى دونياغا كۆز ئاچتى . بۇ كىتابقا «ئۆسمۈر پادىشاھ» ، «مەلىكىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى» ، «بېلىقچى ۋە ئۇنىڭ روھى» ۋە «يۇلتۇز بالا» قاتارلىق تۆت چۆچەك كىرگۈزۈلگەن . بۇ كىتابنى كىشىلەر ۋىلدىنىڭ تۇنجى چۆچەكلەر توپلىمىنى ئالقىشلىغاندەك ئانچە تېز ئالقىشلاپ كەتمىدى ، بەلكى قەدىر – قىممىتىنى ئاستا – ئاستا تونۇدى . بولۇپمۇ ، ۋىلدى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ، بۇ چۆچەكلەر توپلىمىنى بىلمەيدىغان ئادەم قالمىدى .

ۋىلدىنىڭ چۆچەكلىرى تەسەۋۋۇرغا باي بولۇپ ، گۈزەل تىل ، قۇيۇق شېئىرىي ھېسسىيات ۋە تەسۋىر ئارقىلىق ئاپتورنىڭ زىل يەكۈنگە ئىگە ئىقتىدارى ۋە ئىستېتىزمچە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن . بۇ چۆچەكلەرنىڭ ۋەقەلىكىگە باشتىن – ئاياغ بىر تېما سىڭدۈرۈلگەن ، ئۇ بولسىمۇ ھۆكۈمران سىنىپ بىلەن دۆلەتمەنلەرنىڭ نەپسانىيەتچىلىكى ، شەخسىيەتچىلىكى ، رەھىمسىز – ياۋۇزلىقى قامچىلىنىپ ، ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىغا مەدھىيە ئوقۇلغان ، ئاپتورنىڭ ئاجىزلارغا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە ھېسىداشلىقى ئىپادىلەنگەن . شۇ ۋەجىدىن ، ۋىلدى تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىنمۇ ژۇرنالغا داۋاملىق ماقالە بېرىپ تۇردى ۋە كۆپلەپ لېكسىيە سۆزلىدى . 1887 – يىلىدىن 1889 – يىلىغىچە «ئاياللار دۇنياسى» ناملىق ئايلىق ژۇرنالدا تەھرىرلىك قىلدى ، بىكار بوپ قالغان چاغلىرىدا نۇرغۇن پوۋېسىت يازدى . بۇ ئەسەرلىرى بىر نەچچە يىلدىن كېيىن «لورد ئارتور ساۋىرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى» دېگەن نام بىلەن توپلام قىلىنىپ نەشردىن چىقتى . 1891 – يىلى ، ئۇ «غەرەز» ناملىق ئەدەبىي ئوبزورلار توپلىمى بىلەن «سوتسىيالزم تۈزۈمى شارائىتىدىكى كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتى» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى ھەمدە «سالومې» ناملىق شېئىرىي دىراممىسىنى يېزىشقا كىرىشتى .

شۇ زامانلاردا كىشىلەر ھەمجىنىسلار مۇھەببىتىنى قاتىللىقتىنمۇ ئۆتە قەبىھ قىلمىش دەپ ئېغىر ئالاتتى . لېكىن ئەنگلىيىلىكلەر دېگىنىنىڭ ئەكسىنى قىلىدىغان زىددىيەتلىك مىللەت ئىدى . 19 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە جەمئىيىتىدە بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەر بىلەن ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەتلىشىش بۆلەكچە ئەۋج ئالدى . ۋىلدى بەچچىۋازلارنىڭ باشلامچىسى ۋە ھىمايىچىسى بولۇپ ، 1886 – يىلى ئۆزىدىن خېلىلا كىچىك روبېرت روس ئىسىملىك بىر ئوغۇلبالا بىلەن مۇھەببەت پەيزىنى سۈرگەن ئىدى . 1891 – يىلى ، ئۇ يەنە لورد دوگلاس ئىسىملىك بىر يىگىتكە ئىختىيارسىز مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ . لورد دوگلاس كېلىشكەن ، قامەتلىك ، سېرىق چاچ ، كۆك كۆزلۈك يىگىت بولۇپ ، ئۇنىڭغا ئەرلەرنىڭمۇ ، ئاياللارنىڭمۇ كۆزى ئوخشاشلا چۈشۈپ قالاتتى . لورد دوگلاسنىڭ دادىسى ماركىز كۇنسبۇرىي ئوغلى بىلەن ۋىلدىنىڭ باشقىچە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايقاپ قېلىپ ، ۋىلدىنى كىشىلەرنىڭ ئالدىدىلا نۇمۇسقا ئۆلتۈرىدۇ . ۋىلدى ئاچچىقىدا ماركىز كۇنسبۇرىينى ماڭا تۆھمەت قىلدى دەپ سوتقا ئەرز قىلىدۇ . لېكىن ، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك ، سوت ۋىلدىنى «ئەخلاقسىزلىق» جىنايىتى بىلەن ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ . ئايالى بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلىنىپ ، ئۇ تۈرمىدىن چىققۇچە ئۆلۈپ كېتىدۇ . ۋىلدى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ، ئەنگلىيىدىن فرانسىيىگە بېرىپ ، سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلايدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامى بارغانسېرى سۇسلىشىدۇ . ۋىلدىنىڭ دەبدەبە بىلەن يېزىلغان باشقا شېئىرلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ، ئۇنىڭ بىر كامېردا بىللە تۇرغان تۈرمىدېشىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان «رېدىن تۈرمە مارشى»ناملىق شېئىرى چىن ھېسسىيات ۋە روشەن ئۇسلۇبقا ئىگە .

ۋىلدى شېئىر ، چۆچەك ، نەسىر ، رومان يېزىقچىلىقىدا كامالەتكە يېتىپلا قالماي ، يەنە دىرامما ئىجادىيتىدىمۇ كامالەتكە يەتكەن دىرامماتورگ . ئۇ جەمئىي توققۇز پارچە سىنارىيە يازغان . بۇنىڭ ئىچىدە كومېدىيىلىك تىياتىر «ۋىندىمر خانىمنىڭ يەلپۈگۈچى» ، «ئەرزىمەس ئايال» ، «كۆڭۈلدىكىدەك ئەر» ، «ئەستايىدىللىقنىڭ مۇھىملىقى» قاتارلىق دىرامملىرى ھازىرغىچە سەھىنىلەردە ئوينىلىپ كەلمەكتە . بۇ كومېدىيىلىك تىياتىرلاردا ، ۋىلدى ئۆتكۈر ھەجىۋى تىل بىلەن جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ياشايدىغان كىشىلەرنى مەسخىرە قىلغان . ئوبىيېكتىپ جەھەتتە ، ئەنگلىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان ساختا ئەخلاقى بىلەن بىمەنە ئادەتلىرىنى ئەيىبلىگەن .

ئۇ بىر پەردىلىك دىرامما « سالومې »نى 1891 – يىلى «ئىنجىل»دىكى بايانلار ئاساسىدا ئىجاد قىلغان بولۇپ ، «ماكفېيىن» نىڭ 6 – بابى ۋە «ماتفېيىن» نىڭ 14 – بابىدا مۇنداق مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن : پادىشاھ شىرۇ ئىنىسى فېرىنىڭ خوتۇنى شىرودىنى ئەمرىگە ئالماقچى بولىدۇ . قائىدە – يوسۇنغا بەكلا ئىتائەت قىلىدىغان يوھان پادىشاھ شىرونى نەچچە رەت ئاگاھلاندۇرۇپ : «شىرودىنى ئەمرىلىرىگە ئالسىلا بولمايدۇ» دەپ توسىدۇ . بۇنىڭدىن پادىشاھ شىرۇنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىدۇ . پەيغەمبەرلەرنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىشىدىن قورقۇپ ، جوننى ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماي ، زىندانغا تاشلاپلا بولدى قىلىدۇ . پادىشاھ تەۋەللۇت كۈنىنى خاتىرىلىمەكچى بولۇپ ، ۋەزىر – ۋۇزۇرالىرىنى زىياپەتكە چىللايدۇ . ئۇنىڭ ئامراق قىزى سالومې زىياپەتتە ئۇسسۇل ئويناپ ، پادىشاھ شىرونى ئاجايىپ خۇرسەن قىلىۋېتىدۇ . پادىشاھ قىزىغا قەسەم بېرىپ : «سەن نېمە دېسەڭ ، شۇنى بەجا كەلتۈرىمەن» دەيدۇ . قىزى نېمە تەلەپ قىلىشنى بىلەلمەي ، بېرىپ ئانىسىدىن سورايدۇ . ئانىسى «قائىدە – يوسۇنچى جوننىڭ كاللىسىنى سورا»دەپ گەپ ئۆگىتىدۇ . سالومې ئاپىسىنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە پادىشاھتىن جوننىڭ كاللىسىنى سورايدۇ . پادىشاھ شىرو بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق پەرىشان بولىدۇ . لېكىن ، قىزىغا قەسەم بېرىپ قويغاچقا ، ئامالسىز ياساۋۇللىرىغا يوھاننى ئۆلتۈرۈشكە پەرمان چۈشۈرۈپ ، يوھاننىڭ كاللىسىنى قىزىغا بېرىدۇ . قىزى كاللىنى ئېلىپ ئانىسىغا بېرىدۇ . يوھاننىڭ شاگىرىتلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ، يوھاننىڭ بېشى يوق جەسىتىنى ئېلىپ كېتىپ دەپنە قىلىدۇ . دېمەك ، «ئىنجىل» دىكى يوھاننىڭ ئۆلۈمىگە سالومې ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ ئاپىسى سەۋەبچى بولغانىدى .

ۋىلدى بولسا «ئىنجىل» نى ئۆزگەرتىپ يازغانىدى . ۋىلدى يازغان « سالومې »دىراممىسى يوھان زىندانغا تاشلىنىپ بولغان چاغدىن باشلىنىدىغان بولۇپ ، سالومېنىڭ دىققىتىنى يوھاننىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ئۆزىگە تارتىدۇ . سالومې گۇندىپايلارغا بۇيرۇق قىلىپ ، يوھاننى زىنداندىن ئازات قىلىدۇ ھەمدە چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان يوھانغا تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز دەرىجىدە ئاشىق – بىقارار بولىدۇ – دە ، ئۇنىڭغا مەجنۇنلارچە مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ . لېكىن ، يوھان سالومېنىڭ مۇھەببىتىنى قوپال سۆز – ئىبارىلەر بىلەن رەت قىلىدۇ . بۇنى خورلۇق ھېسابلىغان سالومېنىڭ قەلبىدە قىساس ئوتى يالقۇنجاپ ، يوھانغا ئەسەبىيلەرچە : «مەن لەۋلىرىمنى لەۋلىرىڭگە ياقماي قويمايمەن» دەيدۇ . سالومې پادىشاھ شىرونىڭ ئالدىدا لەرزان ئۇسسۇل ئوينىغىنىچە پەيدا بولىدۇ . ئۇنىڭ قۇشتەك يېنىك ، لەرزان ئۇسسۇلى پادىشاھ شىرونىڭ ئەس – ھۇشىنى ئالىدۇ . بۇ چاغدا ، سالومې ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئارقىلىق پادىشاھتىن يوھاننىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ بولغانىدى . پادىشاھ شىرو ئامالسىزلىقتىن يوھاننىڭ كاللىسىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ . قىزى سالومېنىڭ يوھاننىڭ قانغا مىلەنگەن كاللىسىنى ئەسەبىيلەرچە سۆيۈۋاتقىنىنى كۆرۈپ قاتتىق دەرغەزەپكە كەلگەن پادىشاھ ھېسسىياتى چېكىدىن ئاشقان بۇ تەلۋە قىزىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ .

سالومې بىردەملىك لەززەتنى دەپ قىممەتلىك ھاياتىنى نابۇت قىلىدۇ ، ھەش – پەش دېگۈچە گۈزەللىكىدىن مەڭگۈلۈك خوشلىشىدۇ . ۋىلدى «ئىنجىل» دا ئەسلى تولىمۇ بىغۇبار ، سەبىي قىلىپ تەسۋىرلەنگەن سالومېنى ئۆزىنىڭ دىراممىسدا شەھۋانىي نەپسى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدىغان ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ ، بۇنى كلاسسىك پېرسۇناژلارنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈپ ، يېڭىچە بىر ئۇسلۇبنى يارىتىدۇ . بۇ ئەسەردىكى سالومې بىردەملىك لەززەتنى قوغلىشىدىغان ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە تەلۋە قىز . ۋىلدى مۇشۇ ئوبراز ئارقىلىق ئىستېتىزمنى ئەڭ يۈكسەك مەدەنىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكەن . بۇنىڭ رېئال ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى ، ئىستېتىزم ئىستېمالىزم تەكىتلەيدىغان «بىردەملىك راھەت» قارىشى بىلەن تاساددىپىي ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇپ قالغان ، « سالومېنىڭ سۆيۈشى» بىر خىل ھايات ئۇقۇمىغا ئايلىنىپ كەتكەن . بۇ بەلكىم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەۋج ئالغان ۋىلدى قىزغىنلىقىنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كېرەك .

فلوبىر ، ماللارمى قاتارلىقلارمۇ مۇشۇنى خام ماتېرىيال قىلىپ ئىجادىيەت قىلغانىدى . فرانسىيىنىڭ سىمۋولىزىمچى رەسسامى گۇستاف مورلو 1876 – يىلى «ئەرۋاھ» ۋە « سالومېنىڭ ئۇسسۇلى» ناملىق ئىككى پارچە ماي بۇياق رەسىم سىزىپ ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن سالومېنىڭ مەڭگۈلۈك ئوبرازىنى ياراتتى . رەسىمدىكى زىيادە كۆپتۈرۈلگەن تەسۋىر ، شەھۋانىي قىياپەتلەر ۋە شەھۋەت ئۇرغۇپ تۇرغان چىرايلار «ئەسەبىيلىكى مەڭگۈ يوقۇمايدىغان ئايال ئىلاھ» ۋە «چەكسىز شەھۋەت» كە ۋەكىللىك قىلغانىدى . ۋىلدى « سالومې » دىراممىسىنى ئىجاد قىلغاندا ، سەنئەت شەكلىنى ئىسلاھ قىلىشنى توغرا تاپقان . «ئادەم ۋە نەرسىلەردە ئېنىق ئىپادە قىلىنغان جىمى نەرسىدىن خويمۇ بىزار بولدۇم . مەن سەنئەت ، تۇرمۇش ۋە تەبىئەتكە يۇشۇرۇنغان سىرلارغا تەلپۈنىمەن .» بۇ گەپلەر ۋىلدىنىڭ سەنئەتكە بولغان ئۆزگىچە تەلپۈنىشىنى مەرلەزلىك گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ . 1905 – يىلى گېرمانىيىلىك كومپوزىتور رىچارد سىتراۋس « سالومې » نى سەھىنىلەشتۈرگەندىن كېيىن ، « سالومې » دىراممىسىنىڭ داڭقى چىقىپ كەتتى . 1920 – يىلى تىيەن خەن « سالومې » نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇردى . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، شاڭخەي جوڭخۇا نەشرىيات ئىدارىسى تىيەن خەن تەرجىمە قىلغان « سالومې » دىراممىسىنى كىتاب قىلىپ نەشىر قىلدى . 1929 – يىلىغا كەلگەندە ، نەنجىڭدا سەھىنىگە ئېلىپ چىقىلىپ ، جۇڭگۇ يازغۇچىلىرى بىلەن تاماشىبىنلار ئارىسىدا كۈچلۈك غولغۇلا قوزغىدى .

«دورىيان گرېينىڭ پورتېرىتى» ناملىق بۇ ئەسەر ۋىلدىنىڭ بىردىنبىر رومانى بولۇپ ، ئىستېتىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ . بۇ ئەسەردە مۇنداق ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ : دورىياننىڭ قاملاشقان چىرايى رەسسام بازىل خالۋاردنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامى ۋە بەدىئىي تەسەۋۋۇرىغا زور ئىلھام بېرىدۇ – دە ، دورىياننىڭ پورتېرىتىنى ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت بىلەن سىزىپ چىقىدۇ . دورىيان گرېي ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز قاملاشقان چىراينىڭ رەسىمدە ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ ، ئاشۇ قاملاشقان چىرايىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرىپ سەتلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ، ھازىرقى مۇشۇ جەلىپكار قىياپىتىنىڭ ھامىنى يوقىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ چەكسىز ئىزتىراپ چېكىدۇ ۋە روھىنى ئالماشتۇرۇش بەدىلىگە ياشلىق باھارىنى ، قاملاشقان چىرايىنى ساقلاپ قېلىش ، چىرايىدىكى يىللارنىڭ ئىزناسى بولمىش قورۇقلارنى رەسىمىگە يۈكلەپ قويۇشتەك بىر ئىستەك كاللىسىغا كېلىدۇ . ئويلىمىغان يەردىن مۆجىزە يۈز بېرىپ ، ئۇنىڭ بۇ ئىستىكى راستىنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، لورد ھېنىرىنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا ، دورىيان مودا قوغلىشىپ ، راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇشقا بېرىلىپلا كېتىدۇ . خىيالىغا كەلگەننى قىلىدۇ ، ۋۇجۇدىدا ھېيىقىش ، خىجىل بولۇش دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ . ئۆزىنى ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالغان ياش ئارتىسىت قىز سىبىل ۋېيىنغا شەپقەتسىزلىك قىلىپ ، قىزنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ . دەسلەپتە سىبىلنىڭ ئۆلۈمىدىن يۈرىكى پۇچۇلىنىدۇ . لېكىن ، لورد ھېنىرىنىڭ «ياشلىق ئادەمگە باقىۋەندە ئەمەس ، ياشلىقىڭدا قانغۇچە ئويناپ – كۈلۈۋال» دېگەندەك گەپلىرىدىن تېزلا ئۆزگىرىپ ، غېمىدە يوق ئويناپ – كۈلۈپ ياشاۋېرىدۇ .

دورىياننىڭ نۇرغۇن دوسىتلىرىمۇ ئۇنىڭ چۈشكۈن ۋە شاللاقلىقى تۈپەيلى ، ئابرويى تۆكۈلۈپ ۋەيران بولىدۇ . رەسسام بازىل خالۋارد ئۇنىڭ بۇ چۈشكۈن قىياپىتىگە ئېچىنىپ ، ئۇنى قايتىدىن ئادەم بولۇشقا ئۈندەيدۇ . بۇنىڭدىن غەزەبلەنگەن دورىيان ئاچچىقىدا بازىلنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ۋە يەنە بىر دوستىغا تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇپ يۈرۈپ ، بازىلنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرگۈزۈپ ئىزىنى يوقۇتىۋېتىدۇ . ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كېتىدۇ . ئۇ شۇنچە يىل ئەيىش – ئىشرەت بىلەن ياشىغان بولسىمۇ ، لېكىن چىرايىدىن كەتمەي ، 20 ياش ۋاقتىدىكىدەك ياپياش تۇرىدۇ . ئەمما ئۇنىڭ پورتېرىتى خۇنۇكلىشىپ ، رەسىمنىڭ ئاغزى ئەتراپلىرىغا قورۇقلار چۈشۈشكە باشلايدۇ . ئاخىرىدا دورىيان رەسىمدىكى بەدبەشرە ھالىتىنى كۆرۈپ ، ئۆزىنىڭ تالاي جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ شاھىدى بولمىش بۇ رەسىمنى پىچاق بىلەن يىرتىپ تاشلىماقچى بولغاندا ، ئويلىمىغان يەردىن پىچاق ئۆزىنىڭ كۆكسىگە سانجىلىدۇ . دەل شۇ چاغدا ، رەسىم ئەسلىدىكى چىرايلىق ھالىتىگە قايتىپ قالىدۇ . بۇ روماننىڭ خاتىمىسى« سالومې » غا ئوخشاش بولۇپ ، ھەر ئىككىلىسى زوراۋانلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . خەنجەر دورىياننىڭ كۆكسىگە سانجىلغاندىن كېيىن ، روھى تېنىدىن ئاجرايدۇ ۋە ئەسلىدىكى قاملاشقان ، سۇمباتلىق تۇرۇقىدىن ئەسەر قالمايدۇ . شۇڭا ، ئالبېرت كاموسنىڭ : «ۋىلدى ، تۇرمۇشنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىگە شۇڭغىغاندىن ، سەنئەتنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىگە شۇڭغىغان ئەۋزەل ، دەپ قارايدۇ . ئۇ سەنئەت ئارقىلىق ئۆزۈمچىلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان مۇستەقىل تۇرمۇش ياراتماقچى بولىدۇ» دېيىشىمۇ بىكار ئەمەس .

روماندىكى باش پېرسۇناژ دورىيان گرېينىڭ چۈشكۈنلۈكى ۋە نامۇۋاپىق ھېسسىيات خاھىشى بىلەن ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى قائىدە – يوسۇنغا ، ئالىيجانابلىققا ئىنتىلىش ، مەدىنىي ، ئەدەبلىك بولۇش ئۆز ئارا توقۇنىشىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، روماندا يەنە «ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى – ئازغۇنلۇققا باش ئېگىشتۇر» دېگەندەك نۇرغۇن «سەپسەتىلەر» ئۇچرايدۇ . رومان يورۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلدى . لېكىن ، ۋىلدىنىڭ بۇ سۆزى بىر ئەسىردىن كېيىن ھەمجىنىس ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ ھېكمەتلىك سۆزىگە ئايلىنىپ قالدى . شۇڭا ، بۇ كىتابنى بەزىلەر بەچچىۋازلارنىڭ كىتابى دېسە ، بەزىلەر ، بۇ ئەخلاققا يات كىتاب ، ناشايان مەزمۇنلار بار ، دەپ قاراشتى . ئەمەلىيەتتە ، بۇ روماننى ئەستايىدىل ئوقۇپ كۆرگەندە ، روماننىڭ مەزمۇنىغا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن ئىبرەتلىك مىساللارنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ . خۇددى ھازىرقى زامان ئەدەبىي ئوبزورچى ۋېينار ۋېلكنىڭ ئېيىتقىنىدەك : «بۇ روماندا ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنى جازالايدىغان ئىبرەتلىك كارتىنىلار بار» . مەزكۇر روماندا باش پېرسۇناژ دورىيان گرېي ، رەسسام بازىل خالۋارد ۋە لورد ھېنىرى قاتارلىق ئۈچ شەخس ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئارقىلىق ، ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي تەبىئىتى ، شەھۋەتخورلۇق ، ئالىيجانابلىق ، رەزىللىك ، گۈزەللىك ، بەد- بەشرىلىك قاتارلىق ئېتىكىلىق ئۇقۇملار ھېسسىي رەۋىشتە نامايەن قىلىنغان . ئۇلارنىڭ ئاڭ قاتلىمىنىڭ قۇرۇلمىسىنى فروئىدنىڭ ئۈچ قاتلاملىق خاراكتېر نەزەرىيىسى بويىچە تەھلىل قىلىدىغان بولساق ، بۇ ئۈچ پېرسۇناژ ئەمەلىيەتتە ، دورىياننىڭ ئوخشىمىغان ئۈچ خىل روھىيى ھالىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ . بازىل خالۋارد ئۆزىدىن ھالقىش تىپىدىكى ئادەم . ئۇ ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل بولۇپ ، دورىياننى قەدىر – قىممەتلىك ياشاشقا ئۈندەيدۇ . لورد ھېنىرى بولسا ئۆزلۈكنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ ، «ئادەم ئاڭسىز ھايۋان ، ئادەم ئۆزىدىكى ياۋايى ئىستەكنى ئىنكار قىلغاچقا ، جازاغا مەھكۇم بولىدۇ » دەپ قارىغاچقا ، دورىياننى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئويناپ – كۈلۈشكە ، ياۋايى ئىستىكىنى ھەرۋاقىت يېتەرلىك قاندۇرۇپ تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ . دورىيان بولسا ئۆز تەبىئىتىگە نامۇناسىپ ئىش تۇتقان شەخىس ، ئۇنىڭ قەلبى قاملاشقان چىرايىدىن كۆتۈرۈۈلپ كەتكەن . ئۇ سۈرىدىغان ھوزۇرنى سۈرۈپ ، قىلىدىغان ئەسكىلىكىنى قىلىپ تويغاندىن كېيىن ، رەسىمدىكى بەدبەشرە تۇرۇقىدىن قورقۇپ ، رەسىمنى يىرتىپ تاشلىماقچى بولغاندا ، ئۆزى ھالاك بولىدۇ . رەسىم دورىيان جان ئۈزۈش بىلەن تەڭلا ئەسلىدىكى چىرايلىق ھالىتىگە قايتىدۇ . پورتېرىت بىلەن دورىياننىڭ ئۆلۈكى روشەن سېلىشتۇرما قىلىنغان بولۇپ ، بۇنى سەنئەت بىلەن ئەمەلىيەت ھاسىل قىلغان مىسىلسىز سېلىشتۇرما دېيىشكە بولىدۇ . قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان دورىيان بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى ، ئەمما پورتېرىت مەڭگۈ ساقلىنىپ قالدى . ۋىلدى ئىنتىلگەن «سەنئەت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . ھەتتا رېئاللىقنى ، پايدا – مەنپەئەتنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەن ئىستېتىكىلىق ئىدىيىسى روماندا تولۇق ئەكسىنى تاپقان .

(«دۇنيا ئەدەبىياتى»2010 – يىللىق 1 – ساندا ئېلان قىلىنغان)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10896

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-01
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەسەر ۋە باھا
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: