پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ئەلىس مۇنرو

ئالىس مانرو 2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات

مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

 ئارغۇ تەرجىمىسى

شىۋېتسىيە شۇ يەر  ۋاقتى 10- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت بىر (بېيجىڭ ۋاقتى 10- ئۆكتەبىر سائەت 19) دا شىۋېتسىيە ئەدبىيات ئاكادىمىيەسى كانادالىق ئالىس مانرو (Alice Munro) نىڭ 2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنگلىيە دو تىكىش شىركىتىنىڭ دو نىسبىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان ياپونىيەلىك يازغۇچى مۇراكامى خارۇكى     مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدى.

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئېلان قىلىش زالىنىڭ ئىشىكىدە ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن مۇخبىرلار ۋە مېھمانلار يىغىلىۋالغانىدى. زال ئىشىكىنىڭ ئاستا ئېچىلىشى بىلەن مەيدان تەۋرىنىپ كەتتى. شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادىمىيەسىنىڭ دائىمى كاتىپى پېتېر ئېنگىلاند (Peter Englund) كۈلۈمسىرىگىنىچە زالدىن چىقىپ كەلدى.

ئېنگىلاند نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ مانروغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغاندا مەيداندا گۈلدىراس ئالقش سادالىرى ياڭرىدى.  نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالىغۇچىلار ھەيئىتى ئالىس مانرونى «ھازىرقى زامان ھېكايە ئۇستىسى (Master of contemporary short stories) دەپ تەرىپلىدى. ئېنگىلاند سەھنىدىن چۈشۈپ پەستىكى مېھمانلار ۋە مۇخبىرلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

نۇرغۇن كىشى مانرونى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدا ياشاپ كېلىۋاتقان فولكنېر ۋە ئوكوننېر بىلەن  سېلىشتۇرىدۇ، ئامېرىكىلىق يەھۇدىي يازغۇچىسى نسىيە ئوزىك بولسا مانرونى «زامانىمىزدىكى چېخوف» دەپ ئاتىدى. ياۋروپا- ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى بولسا مانروغا «زامانىمىزدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھېكايىچى» دېگەن نامنى ئاتا قىلدى.

مانرومۇ بۇ شەرەپنامغا مۇناسىپ بولۇپ، 40 نەچچە يىللىق ئەدەبىي ھاياتىدا باشتىن- ئاخىر ھېكايە يېزىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ماھارىتىنى تاۋلىغان ھەمدە كۆپ قېتىم چوڭ مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان، بۇ مۇكاپاتلار ئىچىدە ئۈچ قېتىم كانادا باش ۋالىيسى ئەدەبىيات مۇكاپاتى، ئىككى قېتىم گىللېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئەنگلىيە ئىتتىپاقداش يازغۇچىلار مۇكاپاتى، خەلقئارا بۇك (كىتاب) مۇكاپاتى، ئو ھېنرى مۇكاپاتى، قەلەمكەشلەر مارامۇلدېر مۇكاپاتى ۋە ئامېرىكا مەملىكەتلىك كىتاب باھالىغۇچى مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.

مانرو 1931- يىلى ئونتارىئو شىتاتىنىڭ ۋېنگېم بازىرىدا تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك چېغىدىن باشلاپ ھېكايە يېزىشقا باشلىغان ھەمدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان، دەرستىن سىرتقى چاغلىرىدا كۈتكۈچى، تاماكا يوپۇرمىقى ئۈزگۈچى ۋە كۇتۇپخانا خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. 20 يېشىدا ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ جامېس مانروغا ياتلىق بولغان، شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىن چېكىنگەن. كېيىن تۆت قىز تۇغقان، ئەممائىككىنچى قىزى تۇغۇلۇپ بىر كۈن بولمايلا قازا قىلغان.

مانرو پۈتۈن ھاياتىدا 11 پارچە ھېكايىلەر توپلىمى ۋە بىر پارچە ھېكايىلەر توپلىمىغا ئوخشاپ كېتىدىغان رومان يازغان. 1968- يىلى 37 يېشىدا بىرىنچى ھېكايىلەر توپلىمى «شادىمان كۆلەڭگە ئۇسسۇلى» (DanceoftheHappyShades)نى ئېلان قىلىپ بىراقلا داڭق چىقارغان، ھەمدە مۇشۇنىڭ بىلەن كانادا كاتتا باش ۋالىيسى مۇكاپاتىغا نائىل بولغان. بۇ چاغدا ئۇ ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى ئىدى.

1972- يىلى مانرو ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىدۇ. تۆت يىلدىن كېيىن ئۇ گېرالد فىرېيلىنگە ياتلىق بولىدۇ، فرېيلىن مانرونىڭ تۇنجى خېتىدە يازغان تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئېرىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىۋېرىشىگە ماقۇل بولىدۇ. مانرو 50 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆز ئالدىغا ھايات كەچۈرۈشنى باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئىجادچانلىقى نامايەن قىلىدۇ. شۇغىنىسى، ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ 30 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىلا يازىدۇ. 1978- يىلى ئۇنىڭ يەنە بىر ھېكايىلەر توپلىمى «ئۆزۈڭنى كىم چاغلاپ قالدىڭ؟» (WhoDoYouThinkYouAre?) ئۇنى يەنە بىر قېتىم باش ۋالىي مۇكاپاتىغا نائىل قىلىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-، 90- يىللىرىدا ئۇ ھەر تۆت يىلدا بىردىن توپلام ئېلان قىلىپ، دۇنياۋى شۆھرەت قازىنىشقا باشلايدۇ.

ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدا شەھەر ئەتراپىدىكى كىچىك بازارلاردىكى پۇقرالارنىڭ مۇھەببەت، ئائىلە تۇرمۇشى بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قەلەم ئۇسلۇبى ئاددى- ساددا بولۇپ، تۇرمۇشتىكى ئاددىي رېئاللىق ئىنچىكىلىك بىلەن سۈرەتلەپ بېرىلىپ، كىشىلەرگە سەمىمىي، چوڭقۇر ھېسسىيات بېغىشلايدۇ، ئاددىي بايانلار ئارقىلىق مول ھېس- تۇيغۇ ئاتا قىلىش دەل ئەدەبىياتنىڭ ماھىيەتلىك قۇدرىتىنى نامايەن قىلىشتۇر.

مانرونىڭ يازغىنىنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللارنىڭ ھېكايىسى بولۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيىتىدە ئائىلە تۇرمۇشىغا  ئەمدىلا قەدەم قويغان قىزنىڭ مۇھەببەت، جىنسىيەت، ئاسىيلىق، پەرزەنت قاتارلىق جەھەتلەردىكى دەرد- ئەلىمى تەسۋىرلىنىدۇ؛ كېيىنكى مەزگىلدىكى ھېكايىلىرىدە بولسا ئوتتۇرا ياشتىكى كرىزىس ۋە ئاددىي تۇرمۇش تاجان تالىشىۋاتقان، ئەمما ئارزۇ- ئىستەك ۋە پىغانلىرى، كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىق تەرەپلىرىمۇ بولغان ئاياللار ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. مانرونىڭ ھېكايىلىرىدە ۋەقەلىككە بەك ئېتىبار قىلمايدۇ، كۆپىنچە ماكان- ۋاقىت ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، خاتىرە بىلەن رېئال تۇرمۇشنى بۇزۇۋېتىپ قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىدۇ، بۇ مانرونىڭ دۇنيانى كۆزىتىشتە باشقىچە نۇقتىدىن كۆزىتىش، ئەدەبىيات كىشىلەرنىڭ دۇنيانى قايتىدىن تونۇشىغا ياردەم بېرىدۇ دېگىنىنى نامايەن قىلىدۇ. ئىلگىرى ئۇ بىر پارچە نەسىرىدە ھېكايە ئوقۇشنىڭ ئۇسۇلى توغرىسدا مۇنداق يازىدۇ: «ھېكايە يولغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئۆيگە بەكرەك ئوخشايدۇ. ئۆيگە كىرىپ بىردەم تۇرىسىز، ئۇياق- بۇياققا مېڭىپ باقىسىز، ئۆي بىلەن كارىدورنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆزىتىسز، ئاندىن دېرىزىدىن تالاغا قاراپ، سىرتقى دۇنيادا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.»

مانرونىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى

1968-يىل: «شادىمان كۆلەڭگە ئۇسسۇلى» باش ۋالىي ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1973-يىل: «ياش ۋاقتىمدىكى دوستلىرىم»

1973-يىل: «قىزلار ۋە ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى»

1978-يىل: «ئۆزۈڭنى كىم چاغلاپ قالدىڭ؟» ئىككىنچى قېتىملىق باش ۋالىي ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1986-يىل: «سۆيگۈ قەدىمى» ئۈچىنچى قېتىم باش ۋالىي ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1994-يىل: «ئاشكارا مەخپىيەتلىك»

1996-يىل: «ئاقكۆڭۈل قىزنىڭ مۇھەببىتى»

2001- يىل: «نەپرەت، دوستلۇق، مۇھەببەت ئىزھارى، مۇھەببەتلىشىش، نىكاھ»

2004-يىل: «قېچىش» گېللېر ئەدەبىيات مۇكاپاتىغائېرىشكەن.

2006-يىلى «تاش شەھەردىن يىراققا نەزەر»

مەنبە: يازغۇچىلار تورى

http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=11862

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11842

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-10-10
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇچۇرلار
ئىنكاس: 6دانە
  1. بۇمۇ يازغۇچى ئىكەن-دە! يىقىنقى يىللاردا شائىرلار ئالالمايۋاتىدۇ مۇشۇ مۇكاپاتنى…

  2. نۇ ئايالنىڭ ئۇيغۇرچىغا بىرەر كىتابى تەرجىمە قىلىنغانمىدۇ؟ توردىن ئاختۇرۇپ باقسام، ئون نەچچە پارچىدەك ھىكايە توپلىپى يازغانىكەن ئاران.

  3. ئۇزۇن بولدى كىتاپ ئۇقۇغۇدەكمۇ ۋاقىت يوق تۇللۇقسىزدىكى مەندەك بىر كىتاپپۇرۇش ئەمدى بىر كومپىيوتېر مەستانىسى بولدى ھەي …

  4. چېچەن چېچەك

    تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى بولسا كۆرۈپ باقساق بوپتىكەن راسىت.

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،، مەنمۇ ئەدىبىياتقا بەكلا قىززىقىمەن ، شۇغۇنىسى خەق ئەسەرلىرىمنى ياراتمايدۇ ، چاكىنا دەيدۇ ،، سىز بىر باھالەپ بەرسىڭىز چچ 1666310331 :razz:

  6. ئاۋۇ بەلگە تۇرۇپلا ئۆزگۈرۈپ قاپتۇ ئىۋەدىكىگە ئوخشىماي قالدى تۇرۇپلا

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: