پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

گارسىيا ماركۇزنىڭ يېڭى كىتابى نەشردىن چىقماقچى

دۇنيا ئەدەبىيات- سەنئەت ئۇچۇرلىرى(1)

گارسىيا ماركۇزنىڭ يېڭى كىتابى نەشردىن چىقماقچى

ياۋروپا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 2010- يىل 5- ئۆكتەبىر مادرىدتىن بەرگەن خەۋىرى: 1982- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى گارسىيا ماركۇزنىڭ يېڭى كىتابى موندادورى نەشرىياتى تەرىپىدىن يېقىندا نەشر قىلىنىدىكەن، كىتابنىڭ ئىسىمى «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» ئىكەن. بۇ ئۇنىڭ «بىچارە پاھىشەمنىڭ ئەسلىمىسى» ناملىق رومانى نەشر قىلىنىپ 6 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى يەنە بىر كىتابى ئىكەن، بۇ كىتاب ئىسپانىيە ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدا بىرلا ۋاقىتتا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

بۇ كىتابنىڭ تۇنجى نەشرىگە گارسىيا ماركۇزنىڭ 22 پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى ئۇنىڭ رېئال تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدىكى نۇتۇقلىرى ئىكەن: يەنى ئۇنىڭ 1944- يىلى 17 يېشىدا گىپاگىرا ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرىدىغان چېغىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن تارتىپ، 2007- يىلى 80 ياشقا تولغان چېغىدا ئىسپانىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىدە پادىشاھ ۋە خانىشنىڭ ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

گارسىيا ماركۇز «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» دەپ ئىىسم قويۇلغان بۇ كىتابىدا: «مېنىڭ نەزەرىمدە نۇتۇق سۆزلەش ــ ئىنسانىيەتكە ۋەدە قىلىنغان ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش. مەن شۇنچە يۈكسەك شۆھرەت تۈۋرۈكىگە باغلىنىپ قېلىپ نېمىمۇ قىلارمەن؟» دەپ سوئال قويغان.

ئۇ كىتابىدىكى ئىككىنچى ماقالىسى ــ «مەن يېزىقچىلىققا قانداق كىرىشىمەن» دە ئۆز نۇتۇقىنى ئاڭلاۋاتقان تاماشىبىنلارغا: «مەن يېزىقچىلىققا كىرىشكەندە سەھىنىگە چىقىشقا مەجبۇرلانغان چېغىمدىكىدەك تۇيغۇدا بولىمەن» دەپ يازغان.

ئۇ 1970- يىلى «يۈز يىل غېرىبلىق» ناملىق رومانى بىلەن مەشھۇر يازغۇچىغا ئايلانغان. يەنە مۇشۇ ئەسىرى بىلەن 1972- يىللىق رومۇلو گاللېگوس (Rómulo Gallegos)خەلقئارا رومان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ: «مەن بۇرۇن ئۆزۈمگە بىرى، ھەرقانداق مۇكاپاتنى رەت قىلىمەن؛ يەنە بىرى، مەڭگۈ نۇتۇق سۆزلىمەيمەن دەپ ۋەدە بەرگەن» دېگەنىدى. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ ۋەدىسى 10 يىلدىن كېيىن ئۆزگەرگەن. ئۇ نوبېل ئەدەبىياتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا چوقۇم نۇتۇق سۆزلىمىسە بولمايتتى. نەتىجىدە «لاتىن ئامېرىكىسى جەمئىيىتى» دە سۆزلىگەن نۇتۇقى ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىگە ئايلانغان. نۇتۇق سۆزلەش ــ كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

ئۇنىڭ بۇ كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن ئېلان قىلىنمىغان. گارسىيا ماركۇز چېچىلىپ ياتقان ياكى ئاللىبۇرۇن ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بۇ ماقالىلىرىنى ئوقۇغاندا: « بۇ نۇتۇقلىرىمنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقىدەك شۆھرەتلىك يازغۇچىغا ئايلانغانلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم» دېگەن.

خەنزۇچە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2011- يىللىق 1- سانىدىن

 ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10250

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-07
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇچۇرلار
ئىنكاس: 9دانە
  1. جاھانگىر

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەزرىتى ئەلى ئەپەندى، ئۇيغۇرچىسىنى سىزنىڭ تەرجىمە ئەمگىكىڭىزنىڭ نەتىجىسى بىلەن كۆرەمدۇق؟ :?:

  2. ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم!
    قولۇمدا نەشرىيات بىلەن توختاملىشىپ تەرجىمە قىلىۋاتقان باشقا رومانلار بار. شۇڭا ھازىرچە ئۇنىڭ ھەجىمى چوڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا ۋاقتىم چىقمايدۇ. قولۇم سەل بوشىسا، « گارسىيا ماركۇز پوۋېست- ھېكايىلىرى توپلىمى» دىن بەزى ھېكايىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ قويۇشۇم مۇمكىن.
    لېكىن، گارسىيا ماركۇز مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى. كېيىن ئۇنىڭ «خولېرا دەۋرىدىكى مۇھەببەت» ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلىپ بېقىش ئويۇم بار.

    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بلوگىڭىزنى ئوبدان ماڭدۇرىۋاپسىز. مۇبارەك بولسۇن.
      سىز كەسپىي تەرجىمە ئىشلىرىنى قىلامسىز؟

  3. ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
    مەن كەسپىي تەرجىمان ئەمەس. لېكىن، ئەدەبىي تەرجىمىگە قىزىقىمەن.

  4. ھازىر كىتابلار نىڭ نەشىر قىلىنىپ بىرەر يىل ئۆتەر ئۆتمەي نەسلى قۇرۇپ كېتىدىكەن،بۇ تىراژ مەسلىسىمۇ ۋە ياكى باشقا مەسلىمۇ ھېچ ئۇقمىدىم، يۈز يىللىق غېرىپلىقنى ئىزدەۋاتقىنىمغا خېلى زامانلار بولدى ھېچ نەتىجە يوق.ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي ھەزرىتى ئەلى ئاكا

    • كىتابلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشنىڭ تۈپ سەۋەبى بىرى بىزنىڭ تىلىمىزدا نەشر قىلىنغان كىتابلار دەسلەپتە ئۇنىڭ بازارلىق بولالىشىدىن ئەنسىرەپ تراژى ئاز بېسىلىدۇ. تاساددىپى بازىرى چىقماي قالسا مەبلەغ سالغۇچىلارغا زور زىيان. بۇنىڭ بىلەن كىتابلار نەشىردىن چىققاندىن كېيىن بىراقلا بازار تېپىپ كەتسىمۇ ئاساسەن قايتا نەشر قىلىنمايدۇ. شۇڭا بىزدە كىتابلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەزرەت ئېلى ئاكا (قارىسام سىز زۇلپىقار ئاكىمىزنىڭ ئاكىسى بولسىڭىز كېرەك) سىز بىلەن تەرجىمە توغرىسىدا پىكىرلىشىپ بېقىشقا بولارمۇ؟ مۇمكىن بولسا ئالاقە ۋاستىڭىزدىن خەۋەر تاپقىلى بولارمۇ مەسىلەن چ چ نومۇر ياكى ئېلخەت دېگەندەك…
    جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ ئىلقۇتتىن…

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،بلوگ مەسئۇلى كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتتى ، قايتىپ كەلگەن ھامان سىز بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ئىنشائاللاھ. قوللاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

  6. ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئىنىم ئىلقۇت!
    ئىدارە خىزمىتى بىلەن سىرتتا بىر ھەپتە كاماندروپكىدا بولۇپ قالغاچ،
    ئىنكاسىڭىزغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالماي قالدىم.
    مېنىڭ چ چ نومۇرۇمنى قوشۇۋېلىڭ:
    1513355611

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: