پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دىنو بۇزارت: بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەر

بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەر

دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

ئاست كاسىلا ھەشەمەتلىك بىر داچا سېتىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلگەندە، ھەمىشە بىر ئادەمنىڭ ئكزىنىڭ بېغىدىن بىر يەشىكنى يۈدۈپ چىقىپ، قارا ماشىنىغا سېلقپ ئېلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرەتتى.

بىر كۈنى ئۇ ۋارقىراي دېگۈچە ئۇ ئادەم كېتىپ قالدى. ئۇ دەرھال پىكاپ بىلەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىدى. قارا ماشىنا ناھايىتى ئاستا ماڭدى ۋە ئاخىرى شەھەر سىرتىدىكى بىر جىلغىنىڭ يېنىغا بېرىپ توختىدى.

كاسىلا پىكاپتىن چۈشكەندە ئۇ ئادەم يەشىكنى چۇۋۇپ جىلغىغا تاشلاۋاتاتتى. جىلغا چوڭ- كىچىكلىكى ئوىشاش يەشىكلەر بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى.

ــ بايا ئۆيۈمدىن بىر يەشىكنى يۈدۈپ چىقىپ كەتكەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ قالدىم، يەشىكتىكى نېمە ئۇ؟ بۇنچىۋالا يەشىكنى نېمە قىلماقچى سىز؟ــ سورىدى ئۇ ھېلىقى ئادەمدىن.

ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن كۈلۈمسىرەپ قويۇپ:

ــ ئۆيىڭىزدە يۆتكەپ كېتىشكە تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن يەشىكنىڭ بارلىقىنى بىلمەمسىز؟ بۇ يەشىكلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىڭىز،ــ دېدى.

ــ نېمە دېدىڭىز؟

ــ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىڭىز.

ــ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىم؟

ــ شۇنداق، سىزنىڭ بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋەتكەن قىممەتلىك ۋاقتىڭىز. سىز ئىلگىرى گۈزەل چاغلارغا تولىمۇ تەشنا ئىدىڭىز. لېكىن، گۈزەل چاغلار سىزگە قۇچاق ئاچقاندا، سىز يەنە نېمىلەرنى قىلدىڭىز؟ كېلىپ قاراپ بېقىڭ. ئۇلار شۇنچىلىك نۇقسانسىز ھەم ئەسلا ئىشلىتىپ باقمىغان نەرسىلەر ئىدى. لېكىن، ئەمدىچۇ . . .

كاسىلا يېقىن كېلىپ بىر يەشىكنى ئاچتى.

يەشىكنىڭ ئىچىدە كەچكۈز قۇياشى نۇر سېپىپ تۇرغان بىر يول تۇراتتى. ئۇنىڭ بولغۇسى خوتۇنى گراس شۇ يولدا ئاستا كېتىپ باراتتى.

ئۇ ئىككىنچى يەشىكنى ئېچىۋېدى، ئىچىدىكىسى بىر ئېغىزلىق كېسەلخانا بولۇپ چىقتى. ئۇنىڭ ئىنىسى يۆسېف كېسەل كارىۋېتىدا ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ياتاتتى.

ئۇ ئۈچىنچى يەشىكنى ئاچتى. ئىچىدىكىسى ئۇنىڭ بۇرۇنقى كونا ئۆيى ئىدى. ئۇنىڭ سادىق ئىتى دوك ۋادەكلىك ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئۇنى ساقلاپ ياتاتتى. ئىت ئۇنى ئىككى يىل ساقلاپ ئاخىرى ئورۇقلاپ بىر تېرە- بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانىدى.

كاسىلانىڭ يۈرىكىگە بىر نېمە سانجىلغاندەك قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدى. ئۇ ئادەم گويا سوتچىدەك قىمىر قىلماستىن بىر ياندا تۇراتتى.

ــ ئەپەندى، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي! ماڭا ئۈچ يەشىكنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز. ھېچبولمىغاندا ئۈچ كۈنلۈك بولسىمۇ. مەندە پۇل بار، سىزگە قانچىلىك لازىم بولسا، شۇنچىلىك بېرەي،ــ دېدى كاسىلا.

ھېلىقى ئادەم ئۇنداق قىلىشنىڭ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىشارە قىلدى ۋە:« بەك كېچىكتى، قايتۇرۇۋېلىش مۇمكىن ئەمەس» دەپلا يەشىكلەر بىلەن بىللە غايىپ بولدى.

ئەتراپقا گۇگۇم پەردىسى يېيىلىپ، زېمىن زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالدى.

مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 2- سان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10317

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-22
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: