ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم!
ئالدى بىلەن مېنى قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇسلۇبلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئىشىلتىۋاتقان بلوگېرلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن.
بۇ قېتىمى ئۇسلۇب چەتئەلنىڭ 40 دوللارلىق ھەقلىق ئۇسلۇبى. تور ئارلاۋىتىپ ئۇچىراپ قالغان. بۇ ئۇسلۇب cms تۈرىگە تەۋە. ھېس قىلىشىمچە خەۋەر تورى ( بلوگى ) لىرىغا ماس كېلىدىكەن.
ئۇسلۇبنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1) باش بەتكە رەسىملىك تەۋىسيە يازما ( سەھىپە ) قۇرۇشقا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىز ياقتۇرغان سەھىپىلەرنى تەۋىسيە قاتارىغا قوشۇش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.
2) باش بەتتە خالىغان سەھىپىنى قوشۇش ۋە كۆرسىتىدىغان يازما سانىنى خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدۇ.
3) يان ستون ( تەرەپ ) ئالاھىدە تەڭشەلگەن، يەنى:
باش بەت يان ستونى، يازما بەت يان ستونى ۋە ھەرقايسى بەت يان ستونلىرىغا خالىغانچە تۈر قوشۇشقا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەر قايسى بەتلەرنىڭ يان ستونلىرىنى خالىغان تۈر بويچە بېزەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
4) يان ستونغا نىسبەتەن ئازىراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردىم. مەسىلەن: يان ستون ۋېجىتلىرى تاق ستون ۋە جۈپ ستون قىلىپ لاھىيلەندى. بۇنداق بولغاندا « بىكەت سەھىپىلىرى ( كاتېگورىيلەر)، خەتكۈچلەر، ئۇلىنىشلار ۋە باشقىلار » نى قوش ستون ياكى تاق ستون شەكلىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ. يان ستوننى ئىخچاملاش ۋە گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ.
بۇلاردىن سىرىت يەنە 新浪,腾讯 قاتارلىقلارنىڭ مېكرو بلوگىغا ئۇلاش ئىقتىدارى ۋە بىكەت ستاستىكىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش قاتارلىقلارنى قوشۇپ قويدۇم.
ئۇلانما تورىدا كۆرستىش ئىقتىدارى قوشۇپ قويۇلدى.
5) ۋىجېتلارنى نورمال قوللايدۇ.
6) ئارقا سەپتىن ئېلانلارنى بىۋاستە قوشقىلى بولىدۇ.
7) سەھىپە تىزىملىكى بالا سەھىپە ( ئىككىنچى تەرىجىلىك سەھىپە ) قوللىمايدۇ.
8) يېڭىدىن گۈگۈك بلوگ ئاسقۇ ۋىجېتى ۋە ئۇلانما تورى ھەمبەھىر ۋىجېتى قوشۇپ قويۇلدى
ئۇسلۇب كۆرۈنىشىدىن ئۆرنەكلەر:


سىناق ئادىرىسى:
ئۇسلۇب باھاسى: ئەللىك سوم.

بلوگ ئاپتورى:
قىزىقىش دائىرەم ھەرخىل. ئادەتتە wordpress بىلىملىرى ۋە wordpress ئۇسلۇبلىرىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگلەشتۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن كۆپرەك ھەپىلىشىمەن.
مەزكۈر يازما 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 09-كۈنى تەرىپىدىن « cms ئۇسلۇبلار, كەسپىي ئۇسلۇبلار, ھەقلىق ئۇسلۇبلار » سەھىپىگە يوللانغان. باھا يوللىماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن يوللاڭ. ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھەمدە يازما ئادىرىسىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋالدا باشقا يەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ.
+يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
يازما ئەسلى ئادىرىسى: wordpress خەۋەر تورى ئۇسلۇبى
خەتكۈچلەر:
【ئالدىنقى يازما】
【كېيىنكى يازما】

سىز قىزىقىدىغان باشقا يازمىلار

2 دانە ئىنكاس يوللاندى: (مېھمان:1 دانە ، يازما ئاپتورى:0 دانە , 引用:1 篇)

  1. [...] ھەققىدە: ئالدىنقى قېتىم « خەۋەر تورى » ئۇسلۇبنىڭ بىرىنچى ئۇسلۇبى يامان ئەمەس چىققان. مانە بۈگۈن ئۇنىڭ ئىككىنچىسىمۇ [...]

    1 - قەۋەت
  2. بىلىملەر تورى مۇنداق يازغان:

    بلوگىڭىزنىڭ تەگلىك رەسىمىنى ئېلىۋېتىپ ئاق رەڭدە قىلىۋالسىڭىز تېخىمۇ چەستەن چىقىپ كەتكۈدەك.

    2 - قەۋەت

ئىنكاس يوللاش

ئاۋۋال تىزىملىتىڭ ئاندىن باھا يوللىيالايسىز!