dedecms گە تەقلىد wordpress ئۇسلۇبىنى يوللىغانغاندىن بۇيان ئۇنىڭدا بىر قىسىم خاتالىق كۆرۇلدى.
بۇ يەردىكى يازمىدا مەن بايقىغان 3 خىل خاتالىق كۆرسىتىلىپ ئۆتىلگەن ئىدى، نۆۋەتتە ئۇنىڭدىكى 2-خاتالىق يەنى: « باش بەتتىكى ھەر قايسى كاتېگورىيلەردىكى رەسىملەرنىڭ ئېچىلىشى نورمال ئەمەس » ھەل قىلىندى. تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويچە ياماقنى ئۇرىۋەتسىڭىز ھەل بولىدۇ.
ئالدى بىلەن header.php نى ئاچىمىز، بۇ يەرگە قارايدىغان بولساق تۆۋەندىكى كودنى كۆرىمىز، بۇ دەل رەسىمنىڭ ئېچىلىشىنى نورمالسىزلاشتۇرۋاتقان ئۇرۇن ئىكەن.

ئەمدىكى مەسىلە ئۇنى تۆۋەندىكى كودقا ئالماشتۇرۋەتسەكلا بولدى.

قالغان خاتالىقلارنى ئۈزلىكسىز ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمەن. ئۇسلۇبنى ئىشىلتىۋاتقانلار ھەل قىلىش چارىسىنى تاپسا ئورتاقلاشساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.
ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللىسىڭىز ياكى باشقا ئۇسۇلدا يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كۆپ رەھمەت!
باشقا خاتالىقلار بايقالسا مۇشۇ تېمىغا داۋاملىق تەھرىرلىنىپ يوللىنىلدۇ، باشقا ئايرىم تېما يوللانمايدۇ.

بلوگ ئاپتورى:
قىزىقىش دائىرەم ھەرخىل. ئادەتتە wordpress بىلىملىرى ۋە wordpress ئۇسلۇبلىرىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگلەشتۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن كۆپرەك ھەپىلىشىمەن.
مەزكۈر يازما 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى تەرىپىدىن « ئۇنىۋېرسال » سەھىپىگە يوللانغان. باھا يوللىماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن يوللاڭ. ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھەمدە يازما ئادىرىسىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋالدا باشقا يەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ.
+يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
يازما ئەسلى ئادىرىسى: dedecms گە تەقلىد wordpress ئۇسلۇبىغا ياماق ئۇرىۋىلىڭ
【ئالدىنقى يازما】
【كېيىنكى يازما】

سىز قىزىقىدىغان باشقا يازمىلار

11 دانە ئىنكاس يوللاندى: (مېھمان:7 دانە ، يازما ئاپتورى:4 دانە )

  1. ئايقۇت مۇنداق يازغان:

    ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم … ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلغاي..
    مەن بۇ بىر سىناپ ئۆگىنىۋالاي ئەمسە…ھارمىغايسىز

    1 - قەۋەت
  2. كىتابپۇرۇش مۇنداق يازغان:

    بۇ ئۇسلۇبنىڭ يان ستوننى ئىككىگە بۆلگىلى بولىدىغان ئىقتىدارى بەك ياخشىكەن، باش بەتنىمۇ ئاشۇنداق بۆلگىللى بولامدۇ ؟

    2 - قەۋەت
    • parawoz مۇنداق يازغان:

      بىلمىدىم قايسى ئۇسلۇبنى دەۋاتسىز؟ « dedecms گە تەقلىد wordpress ئۇسلۇبى » مۇ ياكى « كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇسلۇب forigi » مۇ؟ دېمەكچى بولغىنىڭىز forigi بولسا، ئۇنىڭ يەنە بىر يېڭىدىن چىققان نەشىرى بار. شۇنىڭدا باش بەت ئىككى ستونغا بۆلۈنگەن.

  3. كىتابپۇرۇش مۇنداق يازغان:

    دىمەكچى بولغىنىم « dedecms گە تەقلىد wordpress ئۇسلۇبى »، خالتامغا مۇشۇ ئۇسلۇبنى ئىشلەتتىم.
    ئۈستىدىكى كودنى ئالماشتۇرىۋالدىم، رەھمەت سىزگە !

    3 - قەۋەت
  4. كىتابپۇرۇش مۇنداق يازغان:

    يەنە بىر گەپ، رەسىم، ياكى نادىر سۈرەت يوق يازمىلارغا باش بەتتىكى ئالبۇم ئۆزلىكىدىن رەسىم قوشۇپ قويىدىكەن، شۇ رەسىملەرنى قەيەردىن تەھرىرلەيمىز ؟

    4 - قەۋەت
  5. كىتابپۇرۇش مۇنداق يازغان:

    رەھمەت سىزگە .
    1- نورمالسىزلىق، يەنى ئالبۇم ئورنىدىكى رەسىىملەرنى نورمال كۆرسېتىش ئەمەلگە ئاشسا بولاتتى، ھە راس يەنە بىر گەپ بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ بلوگىنى كۆرۈپ باقسام بولاتتى. ئۈستىدىكى ئايقۇتنىڭ بلوگى ئېچىلمايدىغان بوپ قاپتۇ.

    5 - قەۋەت
  6. ئىنسان مۇنداق يازغان:

    كۆپ ئىقتىدارلىق ئوسلۇپنىڭ بىر ئىقتىدارى بار ئىكەن، يەنى تېمىنى ئۇستىدە فىلەش ھۆججىتى شەكىلىدە كۆرسەتكىلى بولىدىكەن، بۇ wordpress نىڭ WP Featured Content Slider دىگەن قىستۇرمىسىنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىكەن، ئەمما ، بۇ قىستۇرمىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى قاچلىغاندا خاتالىق كىلىپ چىقىدىكەن، قارىغاندا بۇ ئوسلۇپنىڭمۇ يېڭى نۇسخىسى بولسا كىرەك ، ھە؟ يېڭى نۇسخىسىنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدۇ؟ ئۇنى قانداق ئۆزلەشتۇرىمىز؟
    بولسا ۋاختىڭىزنى چىقىرىپ، سۇئالىمغا جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز.

    6 - قەۋەت
    • parawoz مۇنداق يازغان:

      ئۇ ئۇسلۇبنىڭ ئىشى ئەمەس بەكلى WP Featured Content Slider قىستۇرما ئۆزىنىڭ ئىشى. يېڭىلىغاندا css ھۆججىتىمۇ تەڭ ئالمىشىپ كېتىدۇ. css نى ئۇسلۇبقا ماسلاشتۇرۇپ تەڭشىۋالسىڭىز ھەل بولۇشى مۈمكىن.

ئىنكاس يوللاش

[باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟]

رەسىم قىستۇرۇش