پاسپورت بىجىرىش قەدەم باسقۇچلىرى
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)" o$ {1 b7 V4 @$ ^
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
1.چەتئەلدىن كەلگەن چاقىرىق، كىملىك، نوپۇس قاتارلىقلارنى ئېلىپ، ئۆز نوپۇسىڭىز تۇرۇشلۇق شەھەر-ناھىيەلەرنىڭ ج خ ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى (باشقارمىسى) غا بېرىپ، پاسپورت ئالىمەن دەپ تەلىپىمىزنى ئېيتىمىز. بۇ يەردە چەتئەلدىن كەلگەن چاقىرى دىگىنىمىز بىز بارماقچى بولغان دۆلەتتىن ئەكەلدۈرگەن ئوقۇش چاقىرىقى، خىزمەتكە قۇبۇل قىلىش چاقىرىقى ياكى تۇققان يوقلاش چاقىرىقى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ چاقىرىقنى ئالغاندىن كىين قىلدىغان تۇنجى ئىشىمىز ئۇنى تەرجىمە قىلىدۇرۇش. چۈنكى چەتتىن كەلگەن چاقىرىق قايسى دۆلەتتىن كەلتۈرۈلگەن بولسا شۇ دۆلەتنىڭ تىل يېزىقى بۇيىچە كېلىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنى تەرجىمە قىلىش ئورنىغا ئاپىرىپ تەرجىمە قىلدۇرىشىمىز كېرەك. تەرجىمە قىلدۇرغاندا خالىغان يەرگە بېرىپ تەرجىمە قىلىدۇرۇشقا بولمايدۇ. ھەر قايسى ۋىلايەت تاكى شەھەرنىڭ مەركىزىدە ھۆكىمەت تەستقىدىن ئۆتكەن تەرجىمە قىلىش ئورنىدىن بىرسىلا بۇلىدۇ. شۇ يەرگە بېرىپ تەرجىمە قىلدۇرۇپ شۇ يەرنىڭ تامغىسى چۈشكەندىن كىين تەرجىمە نۇسقىسى ھەقىقى قانۇنى كلۈچكە ئىگە بۇلىدۇ. تەرجىمە ھەققى تەخمىنەن 200~300 يۈەن خەلىق پۇلى ئەتراپىدا بۇلۇپ . تەرجىمە قىلىش قىممىتى بۇنىڭىدن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2. ج خ ئىدارىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن قولىڭىزغا 2-1 جەدۋەل بېرىدۇ. بۇ جەدىۋەل ئادەتتە چاقىرىق تەرجىمە قىلغۇزدىغان ئۇرۇندىمۇ ساقلانغان بۇلىدۇ. ج خ ئىدارىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن ئوخشاش چوڭلۇقتكى قەغەزگە كۆپەيتىپ شۇنى ئىشلەتسەكمۇ. جەدۋەل خېلى تەپسىلى، ئىنچىكە بولۇپ، ئۇنىڭدا سىزنىڭ ئوقۇش تارىخىڭىز، ئائىلە ئەھۋالىڭىز، بىۋاستە ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز، دىپلوم-ئۇنۋانىلىرىڭىز، خىزمەت ئورنىڭىز ۋە\ياكى ئاھالىلەر كومىتېتى ياكى يەرلىك ساقچىخانىلارنىڭ سىزگە يېزىپ بەرگەن ئىسپات ۋە ياكى تونۇشتۇرۇش خېتى قاتارلىقلارنى سورايدۇ. جەدىۋەلدە تامغا ئۇرغۇزدىغان بىر قانچە ئۇرۇننىڭ ئىسمى بار . مەسىلەن نۇپۇسىڭىز قاراشلىق مەھەللە كومىتىتى ، نۇپۇسىڭىز قاراشلىق ساقچىخانا ، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دىگەندەك تامغا ئۇرغۇزىدىغان خېلى يەرلىرى بار. قەيەرنىڭ تامغىسى دىسە، شۇ يەرنىڭ تامغىلىرىنى جەدىۋەلدە كۆرسەتكەن تەرتىپ بۇيىچە تولۇق ئۇرغۇزۇپ، باشقا سىز توللدۇرۇشقا تىگىشلىك يەرنى تۇللۇق تولدۇرۇپ پاسپورت رەسىمى مۇشۇ ماتىرياللارنى ئاشۇ جەدۋەل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار بۈلۈمىگە ئاپىرىمىز.. ئۇ يەردە سىزنى نەق مەيداندا قايتىدىن سۈرەتكە تارتىدۇ ۋە بارماق ئىزىڭىزنى ئېلىپ قېلىش دىگەندەك ئاخىرقى رەسمىيەتلەرنى ئېلىپ بارىمىز. ئاندىن پاسپورت بىجىرىش ھەققى ئۈچۈن 300 يۈەن ئەتراپىدا تۆلەيمىز. ئاندىن ئۆيگە قايتىپ پاسپورتى چىقىشىنى ساقلايمىز. ئەگەر سىز تەييارلىغان ماتىرياللاردا ساختىلىق ياكى سىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ بۇرۇن ۋە ھاىزر ئۆتكۈزگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى بولمىسىلا ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ج خ ئىدارىسىدىن سىزگە پاسپورتنى ئەكىتىش توغىرسىدا تىلفۇن كېلىدۇ. ( ئەسكەرتىش: پاسپورت بىجىرش يوللىرى سىز مەيلى ئۈزىڭىز بىجىرىڭ ياكى ئۈزىڭىز بىجىرىشكە كۈزىڭىز يەتمەي باشقا ۋاكالىتەن بىجىرگۈچى ئىزدەڭ ھەممە يوللىرى ئوخشاش بۇلىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى سىز ئۆزىڭىز بىجىرىسىڭىز ۋە ئارلىقتا ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بۇلۇپ ئارقا ئىشىك يوللىرى بولمىسا پاسپورت بىجىرىشكە پەقەت ئالتە يۈز يۈەن ئەتراپىدا كېتىدۇ. يەنى چاقىرىق تەرجىمە قىلىدۇرۇش ھەققى بىلەن پاسپورت بىجىرىش ھەققى قۇشۇلۇپ ئېشىپ كەتسە 600 يۈەن كىتىدۇ. ئەلۋەتتە چەتئەلدىن چاقىرىق ئەكەلدۈرۈش ئۈچۈن كىتىدىغان پۇل بۇنىڭ سىرتىدا. چەتئەلدىن چاقىرىق ئەكەلدۈرۈش ئۈچۈن ئادەتتە نۇرمال ئەلۋالدا 1000 يۈەن ئەراپىدا خەجلەيسىز. چەتئەلدىكى يېقىن تۇنىش بىلىشلىرىڭىز ئەكىپ بەرسە شۇنچلىك كىتىدۇ، چۈنكى ئۇلار دوسىت-بۇرادەرلىرىڭىز بولغاچ سىزدىن پايدا ئېلىشنى ئويلىماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر ۋاكالىتەن ئەكىلىپ بەرگۈچىلەردىن ئەكەلدۈرسىڭىز 2500 ئەتراپىدا تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. چەتئەللەدردە تۇنىشىڭىز بولمىسا مۇشۇ يول بىلەن ئەكەلدۈرمەي ئامال يوق. ئەگەر ۋاكالىتەن بىجىرگۈچى بۇنىڭدىن جىق تەلەپ قىلسا ئىشىڭىنى قىل . پاسپورتنى ۋاكالىتەن بىجىرگۈچى تەكلىپ قىلغاندا چۇقۇم دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ جەريانىدا ئالدامچىلارغا ئۇچراپ كېتىدىغانلار جىق. چۈنكى پاسپوڭررنى ۋاكالىتەن بىجىرىپ بېرىدىغان ئادەممۇ سىزگە بىجىرىپ بەرگەن بىلەن ھەممە ئىشلارنى سىزنىڭ يۇرتىڭىزدا قىلىدۇ. ئۇرغۇزدىغان تامغىلارنى سىزنىڭ يۇرتۇڭىزدا ئۇرغۇزىدۇ. خېلى جىق پەيىتلەردە سىز بىللە بۇلىسىز. چۈنكى پاسپورت بىجىرشتىكى خېلى باسقۇچىلاردا بىجىرگۈچى ئۇرۇنلار پاسپورت بىجىرگۈچىنىڭ ئۈزىنى كۈرۈشنى شەرىت قىلىدۇ. سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز ئالدىنىپ قالىسىز، ياكى پاسپورت چىققان تەقدىردىمۇ بىر مۇنچە پۇلنىڭ بېشىغا سۇ قۇيىسىز. شۇڭا پاسپورتنى مۇمكىن بولسا ئىمكانقەدەر ئۈزىڭىز بىجىرىڭ، پۇل كىتىدىغان يەر بولسىمۇ ئۈزىڭىز قىلىڭ.
(http://bbs.oylirim.cn)# V+ s# \% h2 o- R2 A3. بىز ئەڭ ئاخىردا تەييارلىغان ماتىرياللىرىمىزنى تاپشۇرغىلى بارغاندا ئۇلار بۇ ماتىرياللارنى قىسقىچە بىر قۇر كۆرۈپ، كام قالغان يەرلىرى بولسا قايتۇرىۋېتىدۇ، دەسلەپكى قەدەمدە تولۇق بولسا ئېلىپ قالىدۇ. قۇلىمىزغا بىر سۈرۈشتە قىلىش خېتى بېرىدۇ. بۇ خەتتە مۆھلەت ۋاقتى بولىدۇ. بۇ مۆھلەت ۋاقتى يۇقىرىدا مەن دەپ ئۆتكەن ئىككى ھەپتە ۋاقىت شۇ. ئۇلار ماتىريالىمىز ۋە بىزنى، ئائىلە ئەھۋالى ، جىنايەتكە چېتىلىپ قېلىش تارىخى دىگەنلەرنى تەپسىلى تەكشۈرىدۇ. بىرەر نەرسە كام قالسا، بىز بىلەن ئالاقە قىلىپ، كام نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)" q4 y5 ?& A. Dمۆھلەت ۋاقتى توشقاندا، قولىمىزدىكى خەت بىلەن شۇ جايغا بېرىپ پاسپورتنى سۈرۈشتە قىلساق بولىدۇ. ئۈرۈمچى ۋە ياكى شۇنىڭدەك چوڭ شەھەردە تېزراق بولىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
4. ناۋادا ئۇلار بىزگە پاسپورت بېرەلمىسە، سەۋەبىنى بىزگە بىلدۈرىدۇ. كام سەۋەبلىرىنى تولۇقلىسىڭىز كېيىن پاسپورت بېرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، بەرمەسلىكىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، چەتئەلدىكى مەكتەپ ئانچە مۇنتىزىم مەكتەپ بولمىسا، پاسپورت بەرمەسلىكى مۇمكىن.ئىسلام دىنى ئاساس بولغان ئەرەبىستان،مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مەكتەپلەر بەك ئېتىۋارغا ئېلىنمىغاچ شۇ يەرلەرنىڭ چاقىرىقلىرى بولسا پاسپورىت چىقماي قېلىشى ياكى ئۇلار ماتىريالىمىزنى چورتلا باستۇرۇپ قۇيىشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا بىز بەلكىم پاسپورت چىقماسلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلمەي قېلىشىمىز مۇمكىن. ششۇڭا بىز دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىللەرنىڭ بىرى چاقىرىق ئەكەلدۈرۈش مەسىلىسى. ئەرەبىستان، مىسىر، تۈركىيە دىگەندەك دۆلەتلەرنىڭ چاقىرىقلىرى ئاسان قولغا كېلىدۇ لىكىن دۆلىتىمىزدە ئېتىبىارغا ئېلىنمايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە چىقىش خىيالىمىز بولسىمۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ چاقىرىقىنىى ئەكەلدۈرمەيمىز. بولمىسا ئۈزىمىزنىڭ پۇتىغا ئۈزىمىز پالتا چېپىپ پاسپورت بىجىرىش يۇلىمىزنى ئېتىپ قويغان بۇلىمىز. چاقىرىق ئەكەلدۈرگەندەە چۇقۇم ئىختىسادى تەرەققىيات ۋە مائارىپ تەرەققىياتى دۆلىتىمىزدىن يۇقىرى تۇردىغان تەرەققى قىلدىغان، تېخىنىكا جەھەتتە دۆلىتىمىز بېېقىنما ھالەتتە تۇرغان دكلەتلەردىن چاقىرىق ئەكەلدۈرىمىز. يەنى دۆلىتىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن، ئىتىسادى ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقى قۇيۇق بولغان دۆلەتلەردىن چاقىرىق ئەكەلدۈرىمىز. مەسىلەن ياۋرۇپا دىكى دۆلەتلەردىن گىرمانىيە، نورۋىگىيە،فىرانىىيە، ئىتالىيە،روسىيە قاتارلىقلار ، ئاسىيادىكى دۆلىتىمىزدىن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىن. مەسىلەن ياپۇنيە، كورىيە، سىڭگاپۇر قاتارلىق. ياپۇنيە ، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر دۆلىتىمىز بىلەن دوسلۇق مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسىمۇ بىراق بۇلار دۆلىتىمىز تېخنىكا جەھەتتە ئەڭ بېقىندىغان ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى. بۇلارمۇ ھەم بازار ئېچىش جەھەتتە دۆلىتىمىزنىڭ بازارلىرىنى مەسھۇلاتلىرى بىلەن ئىگەللەۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. سىز دە بۇ يەرلەرنىڭ چاقىرىقى بولسا يۇلىمىز سەل راۋان بۇلىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)7 }6 s& f& o: n# P. q. كاللىمىزدا مەن تۈركىيەگە چىقماقچى ئىدىم ياپۇننىڭ چاقىرىقىغا پاسپورت بىجىرسەم تۈركىيەگە قانداق چىقىمەن دەيدىغان خاتا قاراش شەكىللىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. شۇنى بىلىشىمىز كېرەك. پاسپورتتتا مەمۇل بىر دۆلەتنىڭ يۆنىلىشى يوق، ياپۇننىڭ چاقىرىقىغا بىجىرسەك پەقەت ياپۇنغىلا چىققىلىى بۇۇلىدۇ دەىديىغان قاراش بۇلۇپ قالمىسۇن. پاسپورت چىققاندىن كىين ئۈزىڭىز خالىغان دۆلەتكە چىقسىاق بۇلىدۇ. بىزنىڭ قايسى دۆلەتكە چىقىشىمىزنى قۇلىمىزدىكى پاسپورىت ئەمەس بەلكى ۋىزا بەلگىلەيدۇ.ۋىزىنىڭ نىمىكى توغىرسىدا ئەمدى توختىلىمەن.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
5. مېڭىش يوللىرى جەھەتتىن، پاسپورت بېجىرىشنىڭ جەريانى كىملىك بېجىرىشتىن بەك پەرقلىنىپمۇ كەتمەيدۇ. قەدەم باسقۇچلار ئاساسەن ئوخشاش. لېكىن كىملىك دۆلەت ئىچىدكى يول خېتى، پاسپورت بولسا دۆلەت ئىچىدىكى ھەم سىرىتدىكى يول خېتى بولغاچ ، ئۇنىڭغا لازىملىق ماتىريال-رەسمىيەتلەر بىر قەدەر كۆپ. تەكشۈرۈش-تەستىقلاش،بېرىش جەريانىمۇ سەل ئالاھىدە، چىڭ.
(http://bbs.oylirim.cn)( i( R' i5 I) a0 e) \7 a; p2 f' |
(http://bbs.oylirim.cn)$ `0 t; s) a9 `2 t3 \مەنبە : ئۇيغۇر كورىيە بىلوگى