ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 184286|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىشقا نېمىلەرنى يېزىشمىز كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىشقا نېمىلەرنى يېزىشمىز كېرەك؟
(http://bbs.oylirim.cn)! |' |( N! R- [( x- J

(http://bbs.oylirim.cn)* i  ?" a" Z9 z" ?8 A7 Yدەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش خۇددى دەرس تەييارلىقىغا ئوخشاشلا ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى. ھەر بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ مەزمۇنى، ئالاھىدىلىكى، ئورنى ۋە ئۈنۈمىگە ئاساسەن ئەستايىدىل ئويلىنىپ، شۇ سائەتلىك دەرسنى قايتا بىر ئەسلەپ چىقىپ، ئويلىغانلىرىنى يېزىپ چىقىش كېرەك. ئۇنداقتا دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش قىسمىغا نېمىلەرنى يېزىش كېرەك؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قىسقىغىنە بىر قانچەيىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتنىڭ ئەمىلىيىتىدە ۋە پىشقەدەم ئۇستازلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنىش جەريانىدا يەكۈنلىگەن تەجرىبە-ساۋاقلىرىم ۋە كۆرگەن-بىلگەنلىرىمگە ئاساسلانغاندا دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىشقا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى يازساق بىرقەدەر مۇۋاپىق بولامدىكىن  دەپ  ئويلىدىم.     (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
1.ئوقۇتۇش پائالىيىتىدىن قالدۇرۇلغان تەسىراتنى يېزىش. دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ نەتىجىلىك بولۇش-بولماسلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجاتچانلىقى، تەپەككۈرى ۋە دەرس بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىشىدا، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن  دەرسلىكنىڭ مەزمۇنىنى ئىگەللەش،مۇۋاپىق بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قولىنىپ دەرسلىكنىڭ مەزمۇنىنى لاھىيەلەشتە ئىپادىلىدۇ. ئوقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ئۆزى چوڭقۇر ھېس قىلغان، مۆلچەرلەنگەن ئۈنۈمگە يەتكەن، بەس-مۇنازىرە قوزغىغان مەزمۇن ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى يېزىپ ماڭسا بۇلار توپلىنىپ قىممەتلىك ئوقۇتۇش بايلىقىغا، ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئايلىنىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2.ئوقۇتۇش جەريانىدا كۆرۈلگەن سەۋەنلىكلەرنى يېزىش. ئوقۇتۇش جەريانىدا بەزى يېتەرسىزلىك ۋە سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. مۇھىمى  كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىك ۋە سەۋەنلىكلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ مۇۋاپىق لاھىيەلەنمەي قېلىشى، قوللانغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ شۇ سائەتلىك مەزمۇنغا ماس كەلمەي قېلىشى، ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتىنىڭ گەۋدىلەنمەي قېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە دادىللىق بىلەن يۈزلىنىشىمىز ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك. ئوقۇتۇش جەريانىدا سەۋەنلىك كۆرۈلگەندە ئوقۇتقۇچى ئۇنى ۋاقتىدا خاتىرلەپ،سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش، ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ۋاقتىدا ئىزدىنىش، باشقىلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش،ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاش، ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارىي قىلدۇرۇش لازىم. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
3.ئوقۇغۇچىلارغا قىيىن تۇيۇلغان مەزمۇنلارنى يېزىش. ئوقۇغۇچىلار دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلار كۆپىنچە شۇسائەتلىك دەرسنىڭ قىيىن نۇقتىسى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارغا قىيىن تۇيۇلغان نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىن مەزمۇنلارنى قىزىقارلىق مىساللار ئارقىلىق ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان چارىلەرنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەزمۇنلارمۇ دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش جەريانىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم مەزمۇن ھېساپلىنىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
4.ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى بايقىمىغان، ئويلاپ يېتەلمىگەن، كېيىنكى ئوقۇتۇش جەريانىدا ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنى بايقىشى، ئويلاپ يېتەلىشى مۈمكىن. شۇڭا ھەربىر سائەتلىك دەرستىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلاربىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلاربايقىغان، ھېس قىلغان مەسىلىلەرنى يېزىش كېرەك. بۇنىڭ كېيىنكى ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور ياردىمى بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)/ c1 E$ b# o8 e& D% H5.باشقا مەزمۇنلارنى يېزىش. ھەربىر سائەتلىك دەرستىن كېيىن شۇ دەرستە ھېس قىلغان ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىنكاس قىلغان باشقا  ئۇچۇرلارنى يېزىپ مېڭىش كېرەك. بۇ كېيىنكى سائەتلىك دەرسنى قانداق لاھىيەلەش توغرىسىدا ئويلىنىش، دەرس تەييارلىقىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا  تۈزۈتۈپ مېڭىشقا ياردىمى بولىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دېمەك، دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش قارىماققا كىچىككىنە ئىشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن بىزنىڭ ئەتراپلىق ئىزدىنىشىمىز، تەجرىبە-ساۋاقلىرىمىزنى ۋاقتىدا يەكۈنلىشىمىز، كۆرۈلگەن خاتالىقلىرىمىزنى دەل ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ مېڭىشىمىزغا، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىزگە زور ياردىمى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
(http://bbs.oylirim.cn)1 A; c& O" p5 d0 L7 H5 Wمەنبە:باشلانغۇچ 6-يىللىق چ چ توپىدىن كېرەمجان راخمانجان بىلىكيار

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 22:35 , Processed in 0.599462 second(s), 43 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش