كۆرۈش: 197|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كەلگۈسى بەش يىلدىكى ئەڭ ئىستىقباللىق كەسىپنى بىلەمسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كەلگۈسى بەش يىلدىكى ئەڭ ئىستىقباللىق كەسىپنى بىلەمسىز؟

يېقىندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى» نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىغا مۇناسىۋەتلىك بىرىنچى بەش يىللىق پىلانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «پەقەت ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئاندىن ئىستىقبالى بولىدۇ» دەيدىغان كونا كۆز قاراشلاردىن يىراق تۇرۇڭ، دۆلەت كەلگۈسى بەش يىلدا بۇنىڭ ئەڭ ئىستىقباللىق كەسىپكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى! قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!
پىلاندا نېمىلەر دېيىلدى؟
تۆت ئاساسلىق پىرىنسىپ، ئالتە چوڭ تەرەققىيات نىشانى
«پىلان» دا «13-بەش يىللىق پىلان» نىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە، مەكتەپ قۇرۇش كۆلىمى بازار ئېھتىياجىغا ماس كەلگەن، كەسىپ قۇرۇلمىسى سانائەت تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كەلگەن، مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ بىرلىشىشى مەكتەپ قۇرۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈلگەن، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىدا سانائەت بىلەن ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، پىراكتىكا ئەمەلىي مەشىقلىرى خىزمەت ئورنى بىلەن زىچ باغلاشقان، تېخنىكىلىق، قابىلىيەتلىك ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيەلەش كۆلىمى ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن تېخىمۇ ماس كەلگەن، جەمئىيەت مۇلازىمەت ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان زامانىۋى تېخنىك ئىشچىلار مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈش ئېنىق تىلغا ئېلىندى.
تۆت ئاساسلىق پىرىنسىپ
بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، مەزمۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ھۈنەرۋەنلىك روھىنى يېتىلدۈرۈش.

ئالتە چوڭ تەرەققىيات نىشانى

«ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، باشقۇرۇشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، سۈپىتىنى سىجىل يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈش، مۇھىتىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇش» تەك ئالتە چوڭ تەرەققىيات نىشانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئالتە چوڭ تەرەققىيات نىشانىغا ماس ھالدا ئايرىم-ئايرىم كونكرېت چارىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:
ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە، نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ماس ھالدا تەرەققىي قىلىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زور كۈچ بىلەن تېخنىك ئىنستىتۇتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساھە، كارخانىلار قۇرغان ۋە پۇقرالار قۇرغان مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئوقۇتۇش مائارىپىنىڭ كۆلىمىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ.
ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئىقتىدارى جەھەتتە، تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنى نۇقتىلىق ھالدا چوقۇم ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە، تېخنىكىلىق ئىختىساسلىق خادىملارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىگە خىزمەت قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى كۈچەيتىدۇ.
باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە، ئاساسلىقى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باشقۇرۇش، ئوقۇش تۈزۈمى، ئوقۇش تەۋەلىكى، ياردەم بېرىش ۋە مائارىپ تەپتىشلىكى قاتارلىقلارنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتىن مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، نۇقتىلىق ھالدا كەسىپ قۇرۇلۇشى، دەرسلىك قۇرۇلۇشى، ئىلمىي تەتقىقات، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىدۇ.
ئالاھىدىلىكىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، نۇقتىلىق ھالدا مەكتەپ بىلەن كارخانىلار ھەمكارلىشىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەربىيەلەش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەردە چىڭ تۇرىدۇ. تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە، ئاساسلىقى سىياسەت، مەبلەغ، تۈر، تەشۋىقات قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر قايسى جاي، ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى قوللاشقا يېتەكلەيدۇ.

بۇ ئىستىقباللىق كەسىپ سىزنىڭ ئىگە بولۇشىڭىزغا ئەرزىيدۇ!

2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن مەملىكەتتە تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدىن جەمئىي 2545 ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تېخنىك ئىشچىلار ئىنستىتۇتىدىن 423 ى بار، بۇ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 3 مىليون 220 مىڭ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %97.4، غوللۇق ئىنستىتۇت، مەكتەپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %100..

نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچى ئىختىساسلىق خادىملىرىنىڭ سانى يېتەرلىك ئەمەس، كەسپىي قابىلىيەتكە ئىگە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ رايون ۋە كەسىپ تارقىلىشى تەكشى ئەمەس بولۇپ، بەزى يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى سۈپەتكە ئىگە سانائەت لايىھەسى پەقەت مۇكەممەل چېرتيوژدا ساقلىنىپ قالغان. بۇ يەككە كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپلا قالماستىن دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە پايدىسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ، تېخىمۇ ئېغىرراق قىلىپ ئېيتقاندا، مىللىي سانائەتنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىدا پۇختا ئۇل بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ يىل 3-ئايدا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا «كارخانىلارنىڭ خاسلىققا ئىگە زاكاز، ئەۋرىشىمچانلىققا ئىگە ئىشلەپچىقىرىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان ھۈنەرۋەنلىك روھىنى يېتىلدۈرۈپ، تۈرىنى كۆپەيتىپ، سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېڭى ماركا يارىتىش» نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يىل 12-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان يۇقىرى قابىلىيەتلىك ئىختىساسلىق خادىملار سۆھبەت يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي مۇنداق دېدى :« يۇقىرى قابىلىيەتلىك ئىختىساسلىق خادىملار دۆلىتىمىز ئىختىساسلىق خادىم قوشۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى، ئىشچىلار قوشۇنىنىڭ يادرولۇق تايانچلىرى ۋە مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى، تېخنىكىلىق ئىقتىدارلاردا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ».
بۇ يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى «13-بەش يىللىق» پىلان تېزىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى. 3-ئاينىڭ 21-كۈنى «ئىختىساسلىق خادىملار تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» ئېلان قىلىندى. تېزىس ۋە «پىكىر» دە ئىش ھەققى، نوپۇس ئورنىتىش، تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە چارە قوللىنىپ، تېخنىك ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ئىقتىسادى تەمىناتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ
تېزىستا يەنە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىق خادىم ئىش ھەققى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «پىكىر»دە :«يۇقىرى تېخنىكىلىق، يۇقىرى قابىلىيەتلىك ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ئىقتىسادى تەمىناتى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش»كە ئوخشاش بايانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەخسۇس ئىلھاملاندۇرۇش چارىسى تۈزۈپ چىقىلىدۇ

تېزىستا ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ تېخنىكىلىق ئامىللار بىلەن مەنپەئەت تەقسىماتىغا قاتنىشىپ، بازار باھاسى ئارقىلىق ئىختىساسلىق خادىملارنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش، ئىختىساسلىق خادىملارغا قارىتىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى ئىلھاملاندۇرۇشنى كۈچەيتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
«پىكىر»دە كونكرېت چارە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تېخنىكىلىق، قابىلىيەتلىك ئىختىساسلىق خادىملارنى ئىلھاملاندۇرۇش چارىسىنى تەتقىق قىلىپ ۋە تۈزۈپ چىقىپ، كارخانا باش تېخنىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يىللىق ئىش ھەققى تۈزۈمى ۋە ۋە پاي ھوقۇقى تۈزۈمى، قەرەللىك ھوقۇق تۈزۈمىنى سىناق قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ھۈنەرۋەنلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ بەك ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ
بۇ يىل ھۈنەرۋەنلىك روھى تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىغا كىرىپ، «مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان ھۈنەرۋەنلىك روھىنى يېتىلدۈرۈش» تەلەپ قىلىندى.
تېزىستا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىختىساسلىق خادىملارنى مەنىۋى ئىلھاملاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ تۆھپە قوشۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇش بېكىتىلدى.

چوڭ شەھەرلەرگە نوپۇس ئولتۇرغۇزۇش چۈش ئەمەس

تېزىستا ئۆلكە مەركىزى ۋە شۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك شەھەرلەر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، تېخنىك ئىشچىلار، كەسپىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر، چەتئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارغا نوپۇس چەكلىمىسىنى بوشىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېزىستا يەنە كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانلىرى، تېخنىكا دەرىجىسى قاتارلىق دەرىجە، ئۇنۋانلارنى چوڭ شەھەرلەردە نوپۇس ئولتۇرغۇزۇش بىلەن باغلاش چارىسىنى كېڭەيتىش تەلەپ قىلىندى.
مائارىپ ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى» يېتىشتۈرۈپ چىقىلىدۇ
«پىكىر»دە سانائەت بىلەن مائارىپ ئۆز-ئارا بىرلەشكەن، مەكتەپ بىلەن كارخانىلار ھەمكارلاشقان تېخنىكىلىق، قابىلىيەتلىك ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى قۇرۇپ، زور كۈچ بىلەن جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو ئىجادىيىتىنى تىرەپ تۇرىدىغان تېخنىكىلىق، قابىلىيەتلىك ئىختىساسلىق خادىم قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش