كۆرۈش: 173|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

داۋېنچى ۋە «مونالىزا» ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
داۋېنچى ۋە «مونالىزا» ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟


داۋېنچى ئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش مەزگىلىدىكى سەنئەت پېشۋاسى، ئۇنىڭ رەسساملىق ئىجادىيىتى ۋە تەبىئىي پەنلەر ساھەسىدىكى نەتىجىسى بىلەن 500 يىلدىن بۇيانقى «تۇنجى كىشى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن.
1513-يىلى داۋېنچى ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدىن رىمغا كۆچۈپ كېلىپ، پاپالار ئۈچۈن رەسىم سىزغان، لېكىن ئەينى چاغدىكى رەسسام رافېللو بىلەن مايكىلانگىلو پاپالارنىڭ قوللىشىغا بەكرەك ئېرىشكەنىدى. ئەينى چاغدىكى فرانسىيە پادىشاھى داۋېنچنى مۇھىم بىلگەچكە، ھەرخىل ئاماللارنى قوللىنىپ داۋېنچنى ئۇنى ئىتالىيەدىن فرانسىيىگە تەكلىپ قىلىپ كېلىپ ئامبويس ھويلىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان، ئاندىن داۋېنچنىڭ دۇنياغا داڭلىق «مونالىزا» ناملىق ئەسىرىنى ياتاق ئۆيىگە ئېسىپ قويغان، كېيىن فرانسىيە ھۆكۈمىتى لۇۋرا ئوردىسىغا ئەكەتكەن. فرانسىيە 1952-يىلى داۋېنچى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 500 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن پوچتا ماركىسى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ داۋىنچى سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن سانى چەكلىك ئاتكېرتكا تارقاتقان. بۇ ئادەتتىكى ئاتكېرتكا بولماستىن بەلكى داۋانچىنىڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچىسى فرانسىسكو مېرتىزنىڭ سىزغان داۋېنچىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىم ئىدى. رەسىمدە 1515-يىلى داۋېنچى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىجادىيىتى «مونالىزا» نى ئېلىپ، فرانسىيە شاھى ئەۋەتكەن مەپىگە ئولتۇرۇپ پارىژغا بارغان ۋە فرانسىيىلىكلەرنىڭ ئۇنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغانلىقى، لېكىن داۋېنچىنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلغاندىكى روھىي ئازاپلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، «مونالىزا» سۈرىتى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى. ھازىرغا قەدەر «مونالىزا» ناملىق رەسىم ھەققىدە نۇرغۇن قاراشلار مەۋجۈت بولۇپ، نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى توختىماستىن مۇلاھىزىلەر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
رەسىمدىكىسى فرورىنسادىكى بىر بانكېرنىڭ ئايالى بولۇپ، داۋېنچى بانكىرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئەسەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. داۋېنچى مۇنالىزا ناملىق رەسىمنى سىزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ بۇ ئەسىرىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ قالغان، بىر قانچە قېتىم رەسىمنىڭ ئۆزگەرتىدىغان جايلىرى بار دەپ رەسىمنى ئېلىۋىلىپ، كېيىن قايتۇرۇپ بەرمىگەن.
«مونالىزا» رەسىمى كېيىن پوچتا ماركىسىغا بېسىلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تارقىتىلغان، تۇنجى «مونالىزا» پوچتا ماركىسىنى گېرمانىيە 1952-يىلى تارقاتقان، كېيىن فرانسىيەمۇ تارقاتقان، ئەڭ غەلىتە بولغىنى ئىتالىيە ھازىرغا قەدەر بۇ خىل پوچتا ماركىسىنى تارقىتىپ باقمىغان. «مونالىزا»پوچتا ماركىسى گۈزەل-سەنئەت تارىخىدىكى بىر ھەقىقىي تارىخنى ياراتقان دېيىشكە بولىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا«مونالىزا» ئوغرىلانغان، كۈتۈلمىگەن يەردىن ئوغرى بۇ سۈرەتنى بىر تەرەپ قىلىپ بولالماي يەنە قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بەرگەن.
داۋېنچى ھەقىقەتەن تالانتلىق. لېكىن نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا بولغانلىقى ئۇنىڭ ھاياتىغا تەسىر يەتكۈزگەن، ئۇ بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان، پەرزەنتلىرىمۇ يوق. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق قول يازما ۋە ئەسەرلىرىنى ئۆزى ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئوقۇغۇچىسى مېرتىزغا قالدۇرغان، مېرتىز ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەۋەرۈكلىرىگە قان تەرىنى سىڭدۈرۈپ، قول يازمىلارنى رەتلەش خىزمىتىنى مۇكەممەل ئاياغلاشتۇرۇپ ئۇستازىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىغان. داۋېنچى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا فرانسىيە پادىشاھى ئۇنى كۆرگىلى كەلگەن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش