ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 21685|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇرلاردا تۇماقچىلىق ھۈنىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەلقىمىزدە تۇماقچىلىق
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىياتىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقلىرىدىن بىرى تۇماق مەدەنىيىتىدۇر.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    ئۆزگىچە ۋە يارىشىملىق كىيىم – كېچەك بىر مىللەتنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ۋە شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ چىراي گۈزەللىكى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ۋاسىتە. شۇ ۋەجىدىن خەلقىمىزمۇ ئەزەلدىن باش كىيىمگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ھەم ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسى، جۇغراپىيەلىك شارائىتى، يەرلىك ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ئاساسەن تىكىپ كىيگەن ۋە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد راۋاجلاندۇرغان.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   خەلقىمىزدە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تۇماق تۈرلىرى ئوتتۇزدىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى: سالۋار تۇماق، كېرىيە سالۋار تۇمىقى، كاچۇڭ تۇمىقى، مۇغەمبەر تۇماق، سۇلۇنچە ئاق تۇماق، يازلىق ئاق تۇماق، ئاتۇش ئاق تۇمىقى، دۈمچە تۇماق، باي تۇمىقى، كەمچەت تۇماق، كەمچەت مەخسۇمچە تۇماق، سەرپۇش تۇماق، كىرپىك سەرپۇش تۇماق، سىم قاما تۇماق، سىم قاما مەخسۇمچە تۇماق، سىم قاما سەرپۇش تۇماق، ئايالچە كەمچەت تۇماق، ئاق سالۋار تۇماق، قارا سالۋار تۇماق، ھەسىلى سالۋار تۇماق، ئالابەل تۇماق، خوتەن تەلپىكى، تۈلكە تۇماق، تاشمىلىق تۇمىقى، ئاتۇش كۆرپە تۇمىقى، قارا كۆرپە قۇلاقچا، ھەسىلى كۆرپە قۇلاقچا، كۆك كۆرپە قۇلاقچا، نوركا قۇلاقچا قاتارلىقلار بىر قەدەر ئومۇملاشقان.
(http://bbs.oylirim.cn)! L' [( O- p4 {, ^   ئۇزاق ئەسىرلىك تارىختىن بۇيان، ئەجدادلىرىمىزنىڭ رايون پەرقى، كەسىپ پەرقى، ياش پەرقى تۈپەيلىدىن، باش كىيىملىرىمىز، جۈملىدىن تۇماق تۈرلىرىمىز ھەر خىل بولغان. شۇڭا بىرەركىمنىڭ باش كىيىمىگە قاراپلا ئۇنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى، ھەتتا نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە كاچۇڭ تۇمىقى، ساغان تۇمىقىنىڭ شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ، بۇ تۇماقلاردا ھەر خىل قەدىمىي نۇسخىلار ھازىرغىچە ئەينەن ساقلىنىپ قالغان. بۇ تۇماقلار ئاساسەن قوزا تېرىسىدىن تىكىلگەچكە، شەكلى كۆركەم، ھەم ئېگىز ھەم جەلپكار بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)- Y" _, V, ~$ k( Y! X0 x- @2 n) E   ھازىر تۇماق تىكىلىدىغان خام ئەشيا مەنبەلىرى بارغانسېرى موللاشماقتا. بۇرۇن تۇماق تىكىلىدىغان كۆرپە مەنبەسى كۇچانىڭ داڭلىق قارا كۆرپىسى بولۇپ، بۇنداق كۆرپىگە يېڭى تۇغۇلغان قوزىلارنىڭ تۇم قارا ھەم مويى بۈدرە تېرىلىرى ماتېرىيال قىلىناتتى. شۇڭا، چارۋىچىلار قاراكۆرپە قويىدىن يىلدا ئىككى قېتىم تۆل ئالغاچقا، تۇغۇلغان قوزىنىڭ تېرىسى تۇماق تېكىشكە باب كەلسە، ئۇنى بوغۇزلاپ تېرىسىنى ئاشلاپ كۆرپە قىلسا، يەنە بىر قوزىنى ئاسراپ قاتارغا قوشۇپ، كۇچا كۆرپىسىنىڭ مەنبەسى بولغان بۇ قوينىڭ نەسلىنى ئۈزۈپ قويمىغان. شۇڭا ئۇ چاغلاردا خام ئەشيا مەنبەسى قىس ھېسابلىناتتى. ھازىر چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە بۇنداق كۆرپە تېرە ئاقسۇ، ئاۋات، توقسۇ، لوپنۇر، چىرا، نىيە، كېرىيە، يېڭىسار، مەكىت، كاچۇڭ قاتارلىق ناھىيە – شەھەر، يېزىلاردا كۆپلەپ چىقىدىغان بولۇپ، تۇماق مەدەنىيەتى تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئاساس يارىتىلدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   ئەجدادلىرىمىزدا تۇماق مەدەنىيىتى زامانلاردىن بۇيان ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئاساسەن ئەرەنچە ۋە ئايالچە، دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىر قىسىم جايلاردا ياخشى كۆرۈدىغان كىشىسىگە، ئەزىز مېھمانلارغا ئالاھىدە ھۆرمەتلەپ تۇماق سوۋغا قىلىش ساقلانماقتا.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   بۈگۈن تۇماق مەدەنىيىتىمىز تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، شەكلى ۋە كۆركەملىكى تېخىمۇ ئېشىپ، تۈرى يەنىمۇ كۆپ خىللىشىپ، ياشانغانلارغا ۋە ياشلارغا لايىق يەڭگىل ۋە ئىسسىق بولغان سەرپۇش تۇماق، تاشلىق دۈمچە تۇماق، نوركا قۇلاقچا، كەمچەت تۇماق، تۈلكە تۇماق، كۆرپە قۇلاقچا، سۇلۇنچە كۆرپە قۇلاقچىلار بازارلارنى ئاۋاتلاشتۇرماقتا، ئىچكىرىدىن ۋە چەت ئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان تاۋارغا ئايلانماقتا.
(http://bbs.oylirim.cn)7 B% Z: a+ A: @  M6 q
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

(http://bbs.oylirim.cn)4 j0 W$ |# e2 l: R4 Z) r3 y( v, \
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگى

(http://bbs.oylirim.cn)/ }, p- E4 y; l( j5 e  ]5 p3 @

(http://bbs.oylirim.cn)6 z* j$ U9 R6 f2 ^  S/ n, G( q) V

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 19:42 , Processed in 0.722506 second(s), 43 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش