ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 42186|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇرلاردا ئوۋچىلىق سەنئىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ئەجدادلىرىمىز ئۇرۇپ- سوقۇپ ياسالغان تاش قوراللار بىلەن ئوۋچىلىق قىلىپ ۋە ھايۋانلارنى قولغا ئۆگىتىپ، بېقىپ ھايات كەچۈرگەن. ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارغا قارىغاندا، تارىم ۋادىسى بىلەن لوپنۇر رايونلىرىدا ھايۋانلارنى قولغا ئۆگىتىپ بېقىش بىلەن ئوۋچىلىق كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە باشلىنىپ، يېڭى تاش قورال دەۋرىگە كەلگەندە تېز راۋاجلانغان ۋە دائىرە جەھەتتىن بىر قەدەر كېڭەيگەن. ئوۋچىلىق ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن شۇغۇللانغان ئەمگەك پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ۋە جاپالىق ئەمگەك. 1985- يىلى 4- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق موزېينىڭ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى قۇرۇقتاغ ۋە ئالتۇن تاغ تىزمىللىرى ئىچىدىكى مۆلچەر دەرياسى بويىدا تەكشۈرۈش تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇندىن 6000-8000 يىللار بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا توغرا كېلىدىغان زور كۆلەملىك قىيا تاش سۈرەتلىرىنى تاپقان. شۇ قاتاردا يەنە يۇرتىمىزدىكى 50 كە يىقىن ناھىيە ۋە تاغ- يايلاقلاردىكى 70 تىن كۆپرەك كۆپرەك ئورۇنلاردىن 90 دىن كۆپ قىياتاش رەسىملىرى نوقتىلىرى تېپىلغان ھەمدە مەزمۇنىنىڭ موللىقى بىلەن ئارخېئولوگلارنى ھەيران قالدۇرغان. بۇ قىياتاش رەسىملىرىدە قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئوۋچىلىق تۇرمۇش ئەمەلىيتىدىن ھاسىل قىلىنغان تەجرىبە- ساۋاقلىرى يەكۈنلىنىش بىلەن بىللە، جانلىق ۋە ئەپچىل ئۇسۇل- چارىلەرنى قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوۋ غەنىيمەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكى ئىپادىلەنگەن. ئەنە شۇ ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىياتاش سۈرەتلىرىدە ھايۋانلارنى ئاتلىق قوغلاۋاتقان، ئوقيا ئېتۋاتقان، ھەرخىل سانجىغۇچلارنى ھايۋانغا قارتىپ ئېتۋاتقان، كالتەك- توقماقلارنى كۆتۈرۈپ ھايۋانلارنى ئۇرۇۋاتقان، ئات مىنگەن ئادەملەرنىڭ تۆت تەرەپتىن قىستاپ كېلىپ ھايۋانلارنى قورشاۋاتقان كۆرنۈشلەر ئېنىق تەسۋىرلەنگەن، يەنە بەزى سۈرەتلەردە قۇيرۇقلۇق ۋە مۆڭگۈزلۈك ئادەملەرنىڭ قولنى- قولغا تۇتۇشۇپ ئۇسسۇل ئويناپ، ياۋايى ھايۋانلارغا يېقىنلىشىپ ئۇلارنى تۇتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئوۋ غەنىيمەتلىرىگە ئىگە بولۇش- قەدىمكى زامان ئوۋچى ئەجدادلىرىمىزدا ئوۋدا چوقۇم غەلبە قىلىش ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ئېڭىدا بۇ غەنىيمەتلەر قانداقتۇر بىرخىل «ئىلاھىي كۈچ- قۇدرەتنىڭ ۋەجىدىن قولغا كەلگەن» دەيدىغان «چوقۇنۇش»نى شەكىللەندۈرگەن. بۇ خىل ئىلاھىي قاراشلار قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىستېتىك تەپەككۇر تەرەققىياتىدىكى مۇرەككەپلىشىش جەريانىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بۇ تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى تەدرىجى ھالدا دىنىي ئېتىقاد ئىدىيىلىرى- يەنى «تۇتېم» نى شەكىللەندۈرگەن. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان خەلقلەر كالا، بۈركۈت، ئېيىق ،بېلىق... قاتارلىقلارنى ئۆزىگە تۇتېم قىلغان بولسا، تۈركىي خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بۆرە، تاغ تېكىسى، بۇغرا، يولۋاس، شىر، قارىچۇغا، شۇڭقار.... قاتارلىقلارنى ئۆزلىرىگە تۇتېم قىلغان. ئەجدادلىرىمىز مانا شۇنداق ھايۋانلارغا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇرۇقداشلىق ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تىرىشقان. يۇرتىمىزدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق ئوۋ مەھسۇلاتلىرى «ياۋا تۆگە، ياۋا قوتاز، قۇلان، بۇغا، ئارقار،غۇلجا، ياۋا ئېشەك، ئىپا كىيىك، يۇرغا، قاپلان، تۈلكە، مولۇن، يىلپىز، جەرەن، بۆرە، سۈلەيسۈن، سۆسەر، ياۋا توشقان، ئۇلار، كەكلىك، قىرغاۋۇل، ياۋا غاز، ياۋا ئۆردەك، ھاڭغىرت، تۇرنا، قارچۇغا..... قاتارلىقلار» بولغانلىقى مەلۇم. بۇندىن 6000- 8000 يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە توغرا كېلىدىغان ئالتۇنتاغدىكى قىياتاش سۈرەتلىرىگە قارىغاندا، تارىم دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئوۋچىلىق دەۋرىدە ئاساسەن تاش قوراللار، سانجىغۇچ قوراللاردىن، ئوقيا، ئارا، نەيزە قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەن. كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەردە ئوقيانىڭ كەشىپ قىلىنىشى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلگىرلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى دەۋرنى تەتقىق قىلغان ئۇلۇغ ئۇستاز ئېنگىلىسنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا: «خۇددى ياۋايىلىق دەۋرىدىكى قىلىچنىڭ، مەدەنىيەت دەۋرىدىكى ئوت ئالغۇچ قۇراللارنىڭ رولىغا ئوخشاشلا، ئوقيامۇ جاھالەت دەۋرىدىكى ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە قورال بولۇپ قالغان.» . يازما خاتىرلەردىمۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى مەرگەنلىك بىلەن ئوقيا ئىشلىتىش جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادا مەشھۇر ئىدى...» دېگەن بايانلار ئۇچرايدۇ. جاھاننى تىترەتكەن ماكدونىيلىك ئالېكساندىر (ئىسكەندەر زۇلقەيىن) مىلادىيدىن ئىلگىرىكى4، 3 ئەسىرلەردە گرېتسىيە يېرىم ئارىلىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولغان جايلاردىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ- كىچىك دۆلەتلەرنى يېڭىپ، ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىماي غەلبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن «ئوقيانى ئالدىغا قانداق ئاتسا، ئارقىسىغىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىغان، ھېچقانداق ئوۋ قېچىپ قۇتلالمايدىغان» ئۇيغۇر چەۋەندازلىرى تەرپىدىن يېڭىلىپ، سۈلھ تۈزۈشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ئوۋچىلىق دەۋرىدىن قالغان مەرگەنلىك ئادىتى تاكى يېقىنقى زامانلارغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنىدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىرقىسىم ئوۋچىلىق تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەر:
(http://bbs.oylirim.cn), M) a" U+ ~* f+ S

(http://bbs.oylirim.cn), L. D, j3 ]5 L! O

(http://bbs.oylirim.cn), m5 z- f. G( D

(http://bbs.oylirim.cn). J) U% L6 ]5 d. G4 w. H* \7 T+ t
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)- j& D4 u- d; ]2 i8 ?1 N
مەنبە: نۇر تورى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 19:42 , Processed in 0.623095 second(s), 45 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش