ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ھەققىدە چۈشەنچە(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دوپپا- ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى
(http://bbs.oylirim.cn)+ j. g9 \5 q: I$ ^, c& k; |
دوپپىدىكى مەنە چەكسىزدۇر .دوپپا- ھەسرەتكە ،تارىخقا سىموۋولدۇر .دوپپا- تىرىشچانلىققا ،ئىلمىيلىققا ،مەدەنىيەتكە سىموۋولدۇر .دوپپا- سەمىمىي خۇشاللىققا ،ئىناقلىققا سىموۋولدۇر .
(http://bbs.oylirim.cn); ?* {' N% A( h) o% B. b s
(http://bbs.oylirim.cn)5 u5 A _! [0 K: _دوپپىدىكى ھاياتى كۈچ چەكسىزدۇر. دوپپا- ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى بىلەن تۇتاشتۇر.دوپپا-ئۇيغۇرنىڭ قىنىنى ئىللىتالايدۇ. دوپپا- كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدكە ۋەكىللىك قىلىدۇ!دوپپا- بىرلىك تۇغىدۇر. دوپپا-ئۇيغۇرنىڭ باشقا مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بولغان مۇقام سەنئىتىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرنىڭ خاس ئىجادىيتى،ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى، تاشقى بەلگىسى.دوپپا- ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېتىك قارىشىدا ئەكس ئەتكەن تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دوپپا مەدەنىيتى-ئۆزلۈك ئىڭىنى كۇچەيتىشتە، ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن بولغان پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا، خەلقنىڭ تارقاق ئىڭىنى بىرلەشتۇرۇشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)7 h0 \( w+ A# g& r4 S9 V4 _! L1 Kئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تىكىلىشى:
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ھەممىسى تۆت تال ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك خىرىت بىلەن جۈپلەپ تىكىلىدۇ، ئۈستىگە تەكشى كەشتىلەش ،تۈگۈپ زەر يىپ بىلەن يۆگەپ كەشتىلەش، كرسىت شەكىللىك كەشتىلەش، ئۈنچە-مارجانلارنى تىزىپ تىۋېتلەپ كەشتىلەش ،كاتەكچى توسما كەشتىلەش، گىرەلەشتۈرۈپ كەشتىلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەرخىل سىزىقلار ،قاپارتما كەشتە نەقىشلىرى ئارقىلق ئەڭ ئاخىردا قارا مەشۈت يىپ بىلەن گۈللەرنى بويلىتىپ كەشتىلەپ پۈتكۈزۈلىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇيغۇر دوپپىلىرىدا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان نۇسخا گۈللىرىدىن گۈل بەرگى، مىۋە، قۇش، ھاشارەت شەكىللىرى بار. مەسلەن: شاپتۇل، ئۈرۈك، ئانار، بادام، ئۈزۈم، بۇغداي، پۇرچاق يەنە توز، قارلىغاچ، كېپىنەك، ئاي، قارلەيلىسى ... قاتارلىقلار. ئۇندىن باشقا گىئومىتىرىك شەكىللەرمۇ خىلى كۆپ قوللىنىلىدۇ
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئەسىرلەردىن بېرى مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك قاتارلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن خەلق بولغاچقا، قول ھۈنەرۋەنچىلىكتە، تەسۋىرىي سەنئەتتە، شۇنداقلا كەشتىچىلىكتىمۇ ئۆزىنىڭ ئېتنىك ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەبىئەت مەنزىرىسىگە قىياس قىلىپ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىپ كەلگەن. خەلقىمىزنىڭ كەشتىچىلىك سەنئىتىنىڭ بىر نامايەندىسى- دوپپىلارغا ھەر خىل گۈل- كەشتىلەرنى چېكىشتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. دوپپىلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئۇلارغا چېكىلگەن گۈل- نەقىشلەرنىڭ خىلمۇ خىللىقى، تەكرارلانماسلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇ خىل قەدىمكى، مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش، ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا نەمۇنە قىلىپ قالدۇرۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش.
(http://bbs.oylirim.cn)& A. o' W6 }- q+ H8 u$ ?دوپپىنىڭ توغرا كىيىلىشى :
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دوپپىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدىن تارتىپ ،دوپپىنى قانداق كىيىش ،نەقىشلەرنى قانداق قوندۇرۇش ئۆزگىچە بىر گۈزەل مىللىي سەنئەت .بۇ سەنئەتتە ئۇيغۇرلارغىلا خاس بىر قەدىمىي ئەقىل-پاراسەت پارلاپ تۇرىدۇ.دوپپا كىيىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ئالدى تەرەپتىن قارىغاندا بىر بەت تولۇق،ئىككى يان بەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى كۆرۈنۈشى كېرەك.
(http://bbs.oylirim.cn)# G. m8 C) w H3 N5 z7 H( Y& Jچىمەن دوپپا، بادام دوپپا، ئۇنچە دوپپا دېگەندەك تۆت قىرلىق دوپپىلارنى كىيگەندە مەلۇم بىر قىرىنى ئوڭ ياكى سول قېشىمىزنىڭ كۆتۈرۈلگەن يەنى ئوتتۇرا قىسمىغا توغرىلاپ ، پېشانىمىزگە چۈشۇرىۋالماي ئازراق چوققا چېچىمىز كۆرۈنگىدەك قىلىپ سەل ئارقىغا تارتىپ ياراشتۇرۇپ كىيىمىز.
(http://bbs.oylirim.cn)7 E- W. Z2 R2 A9 |1 |قايسى قاش تەرەپكە ئاغدۇرۇشنى تاللىغاندا ، چېچىنى ئايرىپ تارايدىغانلار ئۆزى كۆنگەن ھەم ئەپلىك ھس قىلغان تەرەپنى تاللىسا بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)" |* I# P' \) r, [دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېتىك قارىشىدا ئەكس ئەتكەن تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى سۈپىتىدە روشەن مىللىيلىككە ئىگە بولغان يازلىق باش كىيىم ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر دوپپىلىرى نۇسخىسىنىڭ كۆپ خىللىقى ، ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دوپپا باشقا ئۇيغۇر مەدەنىي مىراسلىرىغا ئوخشاش تەسەۋۋۇرغا باي،گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، چوڭقۇر مەنىۋىيەت دۇنياسىنى ئۆزگىچە سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماددىي كەشپىياتى. باشقا مەدەنىي كەشپىياتلار ئىچىدىكى ھازىرغىچە ياشلىقىنى، ھاياتىي كۈچىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان ھەم بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت بەلگىسى سۈپىتىدە ئۆزىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان، مىللەتنىڭ غۇرۇرىغا سىمۋول بولۇش لاياقىتىگە ئىگە قىممەتلىك گۆھەر. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مۇستەقىل كەشپىياتى. ئۇ ئەقىللىق ، لاتاپەتلىك ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇر يىگىت - ئەرلىرىگە ، ئۇيغۇر ئانىنىڭ ئۆز ئوغۇللىرىغا مەڭگۈلۈك سەمىمىي ، ساپ مۇھەببەت يالدامىسى سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان كەشپىياتى . ئۇ ئومۇمنىڭ ئەمەس ، خاس ئىگىنىڭ –ئۇيغۇرنىڭ بولىدۇ .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
كۆپ قىسىم ئامما دوپپىنى ھېلىھەم مىللى بەلگە سۈپىتىدە قاراپ، ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلسىمۇ بىراق بىر قىسىم كىشىلەر پەقەت چەتئەللىك مېھمانلار ۋە باشقا مۇھىم ئەربابلارنى كۈتۈۋېلىش، سوۋغات قىلىشقىلا ئىشلىتىپ، ئۆزى بولسا توي-تۆكۈن، مۇسىبەت قاتارلىق ئالاھىدە مۇراسىملاردا تەبرىكلەش ۋە تەزىيە بىلدۈرۈش بەلگىسى سۈپىتىدىلا كېيىدىغان، ھەتتا بەزى سورۇنلاردا دوپپا كەيگەنلىك پەقەت مەلۇم يەرلىكنىڭ ئادىتى ياكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت سەۋىيسى تۆۋن كىشلەرنىڭ، يىراق ۋە نامرات سەھرادىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ خاس ئىشى دەپ قارىلىپ، دوپپا كەيگەنلەر ئانچە قارشى ئېلىنمايدىغان، مەسخىرە قىلىنىدىغان ناچار كەيپىيات باش كۆتۈرۈپ قالدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتى خۇددى بىر قىسىم ئاقىل كىشلەر ئالدىن كۆرسەتكەندەك ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇش ئۆزىنىڭ رىئاللىقتىكى قەدىرسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياشلار بىلەن ياشانغانلار، جەنۇبى شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن شىمالدىكى ئۇيغۇرلار، دېھقانلار بىلەن شەھەر ئاھالىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئېڭىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)9 x9 D E4 J& |- j/ [«دوپپا»دىن ئىبارەت مىللىي مەدەنىيەت بەلگىسنى ئاساس قىلىپ مىللىي مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئەلۋەتتە كۆپ خىل ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىش دولقۇنى، زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت فورمىلىرىغا تىز سۈرئەتتە ئۆزگەرتىش شەكلىدە ھۇجۇم قىلىشى-تارىم بوستانلىقىدىكىمەدەنىيەت ياراتقۇچىلارغا نەچچە مىڭ يىللاپ ھەمرا بولۇپ كەلگەن ئېتىقات ۋە دۇنيا قاراش بىلەن زىچ يۇغۇرۇلغان ئستېتىك قىممەت قاراش ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تەقەززا قىلىدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقى- ماددىي ۋە مەنىۋىي تەركىپلەردىن قوشۇلغان بىر پۈتۈن مەدەنىيەت بىرلىكىگە تايىنىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش ئادەتلىرى، تەپەككۈر ئۇسۇلى، مەدەنىيەت پىسخىكىسىغا سىڭىدۇ. بۇ جەرياندا گەۋدىلىك ئۇتۇپ چىققانلىرى يەنى تۇرمۇش جەريانىدا مۇھىتقا ماسلىقى ۋە شۇ مىللەتنىڭ ئىھتىياجەن تاللىشىدىن ئۆتكەنلىرى ئۇنىڭ ئايرىلماس بەلگىلىرىدىن بولۇپ قالىدۇ. مەمۇرىي تارماقلارنىڭ تەشكىللىشى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، ھاياجان ئارقىلىق پايدىلىنىش ۋاستىسى بولمىغان، نۇرغۇن دەۋرنىڭ تاللىشىدىن ئۆتكەن، خەلقنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇپ، قەدىرلىنىپ كېلىنگەن ئەنئەنە بەلگىلىرى ھەقىقەتەن ئۇنىڭدا مىللەت ئومۇمىي خاراكتىرىگە خاس بولغان، يوشۇرۇن مەنىگە كۆپ ئامىللارنىڭ ئورتاقلىقىدىن بېشارەت بىرىدۇ. دېيىشكە بولىدۇكى، «دوپپا-مىللەت روھىنىڭ تاشقى پىرامىداسى». مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسىلىقى نۇقتىسدىن ئېيتقاندا، دوپپا تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە بولغان ئايرىم مەدەنىيەت ھادسسى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)( X2 A3 G0 v3 P# W* J0 |( phttp://www.eldiyar.com/html/show/201505051973.shtml