كۆرۈش: 1066|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تۇرمۇشتا ئەسقاتىدىغان چۈچۈمەل تەدبىرلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇرمۇشتا ئەسقاتىدىغان چۈچۈمەل تەدبىرلەر




تۈۋەندىكى بىر نەچچە چارىلەرنى بىلىۋالسىڭىز تۇرمۇشىڭىزغا ئانچە-مۇنچە قۇلايلىق ۋە شادلىق ئېلىپ كەلگۈسى . ئەلۋەتتە ، ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كىلىشىمۇ مۇمكىن . چۈنكى بەزى ئاماللار چىشىڭىزنى قامىتىپ قويغۇدەك «چۈچۈمەل »
بىرىنچى، مۇئەللىمگە ئېلخەت ئارقىلىق تاپشۇرىدىغان تاپشۇرۇقنى ( مەسىلەن ، ماقالە ) تېخى ئىشلەپ بۇلالمىغان بولسىڭىز ، رەسىم .mp3 قاتارلىق باشقا ھۆججەتنىڭ نامىنى 作业.docx دەپ ئۆزگەرتىپ مۇئەللىمگە ئەۋەتىپ بېرىڭ . ئاندىن دەرھال تاپشۇرۇقنى تولۇقلاڭ . بىرەر-ئىككى كۈندىن كېيىن مۇئەللىم ئېلخېتىڭىزگە :«سىزنىڭ تاپشۇرۇقىڭىز ئېچىلمىدى ، قايتا يوللاپ بىرىڭ » دەپ ئۇچۇر يوللايدۇ . ئەگەر تاپشۇرۇقنى تولۇقلاپ بولغان بولسىڭىز ئەۋەتىپ بېرىڭ . تولۇقلاپ بولالمىغان بولسىڭىز :« كومپىيۇتېرىمغا ۋىرۇس يۇقۇپ قاپتۇكەن ، تازىلاپ ، سېستىمىنى قايتا قاچىلىسام كومپىيۇتېرىمنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسە يوقاپ كېتىپتۇ ، تاپشۇرۇقنى تولۇقلاۋاتىمەن ، ئەتە كەچكىچە ئەۋەتىپ بىرەي » دەپ ئۇچۇر يوللاپ قۇيۇپ ، تاپشۇرۇقنى داۋاملىق تولۇقلاڭ .ساختىپەزلىك ، يالغانچىلىق قىلىپ سوزىغان شۇ نەچچە كۈندىمۇ تاپشۇرۇقنى تولۇقلاپ بولالمىغان بولسىڭىز ، بۇندىن كېيىن تورغا ئازراق چىقىپ ، دەرسنى كۆڭۈل قۇيۇپراق ئاڭلاڭ .

ئىككىنچى، ئەتىسى سرتقا چىقىدىغاندا ئېلىۋالىدىغان نەرسىنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسىڭىز ، ئەتە كىيىدىغان كەشىڭىزنىڭ ئىچىگە سېلىپ قۇيۇڭ . بۇ چارە ئاچقۇچنى ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ ئىشىكنى قۇلۇپلاپ چىقىپ كېتىدىغان ، ئىمتىھان كۈنى ئىمتىھانغا قاتنىشىش كارتىسىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىسى كۈچلۈكلەرگە ماس كېلىدۇ .

ئۈچىنچى، ئەگەر قىلماقچى بولغان بىرەر ئىشنى (ئورۇقلاش ، چېنىقىش ، چەتئەل تىلى ئۈگىنىش …. ) داۋاملاشتۇرالماسلىقىڭىزدىن ئەنسىرىسىڭىز ، ئۇچرىغانلىكى تونۇشىڭىزغا : «بىر ئاي ئىچىدە مانچە توننا ئورۇقلايمەن » ، «ئىككى ئايدىن كېيىنلا پالانى تىلنىڭ پوكۇنى دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ كېتىمەن » دەپ تازا پو ئېتىڭ ، ئۇچرىغانلىكى تونۇشىڭىزغا پو ئېتىڭ .
ھە ، پو ئېتىپ بولدىڭىزمۇ ؟ ئەمدى ھەممەيلەننىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچرىماي دېسىڭىز قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى قىلىڭ . بۇ ئۈزىنى مەجبۇرلاشنىڭ بىر چارىسى .

تۆتىنچى، ئەگەر ياتاقدىشىڭىز مەلۇم ناخشىغا مەستانە بولۇپ ، ئەتىگەندىن كەچكىچە شۇ ناخشىنى قۇيۇپ ئىچىڭىزنى پۇشۇرىۋەتسە ، شۇ ناخشىنى يانفۇنىڭىزنىڭ ئەتىگەنلىك قوڭغۇرىقىغا بەلگىلەپ قويۇڭ . ئۈچ كۈندىن كېيىن پۈتۈن ياتاقتىكىلەرنىڭ بۇ ناخشىغا ئۆچ بولۇپ كەتمىگىنى بىر كۆرەي .

بەشىنچى، يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ ، چىراغنى يورۇتۇپ ھاجەتخانىغا چىقىپ ، چىراغنى ئۆچۈرۈپ كارۋاتقا بارغىچە كۆزىمىز يۇپيورۇقتىن ئالماشقان قاپقاراڭغۇلۇققا كۆنەلمەي ،قاراڭغۇدا ئۇنىڭ-بۇنىڭغا ئۈسۈپ سالىدىغان ، ئۇنىڭ-بۇنىڭغا تىپىپ سالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ ( بەك ئاغرىيدۇ ھە ؟ ) . بۇنىڭغا مۇنداق ئامال بار : چىراغنى يېقىشتىن ئاۋال بىر كۈزىڭىزنى قىسىۋېلىڭ ، ئىشلار تۈگەپ چىراغنى ئۆچۈرگەندە ئاندىن ئېچىڭ . ئاندىن شۇ كۈزىڭىزدە قاراپ كارۋىتىڭىزنى تېپىۋېلىڭ .
رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ، دېڭىز قاراقچىلىرى يورۇق پالوبىدىن بۆلمىگە كىرگەندە كۆزلىرى قاراڭغۇلۇققا كۆنۈپ بولغۇچە جېنىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن بىر كۈزىنى تېڭىۋېلىپ يەكچەشمىدەك يۈرۈيمىش .

ئالتىنچى، ھېق تۇتۇپ قالسا سۇ ئىچىپ ياكى بىر نەرسە يەپ توختاتقىلى بولىدۇ . لېكىن يىگۈلۈك-ئىچكۈلۈكلەر بولمىسا ياكى يەپ-ئىچىشكە بىئەپ سورۇندا بولۇپ قالساقچۇ ؟ ئېغىز-بۇرنىمىزدا چۇڭقۇر نەپەس ئېلىپ ، تىنماي بىر نەچچە ھېقنى ئۆتكۈزىۋەتسەك توختايدۇ ياكى ئاجىزلايدۇ . توختىمىسا يەنە بىر قېتىم شۇنداق قىلساق بولىدۇ .

يەتتىنچى، ئالقىنىڭىز ياكى غېرىچىڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىۋېلىڭ . گەز يوق چاغدا ئەسقاتىدۇ .

سەككىزىنچى، خوتۇندىن يۇشۇرۇن پۇل يىغقاندا بايقىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىسىڭىز ، پۇلنىڭ قېتىغا «ئۇماق ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن » ، « تويمىزنىڭ مانچە يىللىقى ئۈچۈن » ئۈچۈن دەپ يېزىلغان قەغەزنى قىستۇرۇپ قويۇڭ . بانكىدا قويغان بولسىڭىز كارتىغا يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ .

توققۇزىنچى، ئەگەر بىر ئىشقا ئەستايىدىل تۇتۇش قىلماقچى بولسىڭىز ، يانفۇنىڭىزنى ئىتىۋىتىڭ . كومپىيۇتېردا قىلىدىغان ئىش بولسا كومپىيۇتېرنى تورغا ئۇلىماڭ . تور بار شارائىتتا قىلىدىغان ئىش بولسا كيۇكيۇ ، ئۇ-بۇ دىگەنلەرنى ئۆچۈرۋىتىڭ .

ئونىنچى، ئاپتوبۇستا يانچە تۇرغاندا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئاسانراق .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش