ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 15740|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھىندىستان بۇددا دىنى مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر داستانچىلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   
  ھىندىستان بۇددا دىنى مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر داستانچىلىقى(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
  ئابلەت ياسىن بابا(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمىئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى مىللەتشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى)

(http://bbs.oylirim.cn)6 Q, R( J( e" w7 D6 T! B! m3 lقىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە ھىندىستان بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ژانىرى بولغان خەلق داستانلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى شەكىل، مەزمۇن جەھەتتىن تەھلىل قىلىنىش ئارقىلىق، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتۈشۈش، تەسىر كۆرسىتىش مۇناسىۋىتى ئېچىپ بېرىلىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn); w* _4 M+ P7 B" Y5 P* Q(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: بۇددا مەدەنىيىتى؛ داستانچىلىق؛ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى
(http://bbs.oylirim.cn)8 G+ U2 W5 r; S6 d8 |(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇددا دىنىنىڭ ھىندىستان ئارقىلىق ئەڭ دەسلەپتە قەدىمكى ئودۇنغا تارقىلىپ، ئۇ يەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ گۈللەنگەنلىكى، ئۇ يەردىن تارقىلىپ پۈتۈن غەربىي رايوندا ھاكىم ئىدېئولوگىيەگە ئايلىنىپ، زور مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىدەك تارىخىي پاكىت بىزنىڭ بۇ تېمىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىزنى مۇئەييەن ئىمكان بىلەن تەمىنلەيدۇ. چۈنكى، مەلۇم بىر دىنىي ئىدېئولوگىيە ئۆز نۆۋىتىدە بىر يېڭى مەدەنىيەتتىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغىمۇ شۇ خىل ئىدېئولوگىيەنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئېڭىدا شۇ ئىدېئولوگىيەگە تەئەللۇق مۇئەييەن پىسخىك تىندۇرما، مەنىۋى چۆكمە ھاسىل قىلىدۇ. ئىدېئولوگىيە ئالماشقاندىن كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ بۇ ھالەت ئۆز رولىدىن قالمايدۇ. بەلكى، ئازدۇر–كۆپتۇر، يوشۇرۇن–ئاشكارا يوسۇندا مەدەنىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇددا دىنىدىن ئىبارەت بۇ ئىدېئولوگىيەنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدىكى ئەسىر-ئەسىرلەپ مەۋجۇتلۇقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ چۆچەكلەر ماكانى بولمىش ھىندىستاندا بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇرلارغا تارقالغانلىقىدەك رېئاللىق ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا بولغان كۈچلۈك تەسىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن مۇھىم ئامىلدۇر. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدىكى ئۆزگىچە ژانىرلىرىمىزدىن بولغان داستانمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. تۆۋەندە، بىز بۇددا دىنى بىلەن ئۇيغۇر داستانچىلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن گەپنى سەل ئەگىتىشكە توغرا كېلىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇددا دىنىنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 560–يىلدىن 480–يىلغىچە ياشىغان، بۈگۈنكى نېپال چېگراسىدىكى قەدىمكى كاپلوۋاستو پادىشاھلىقىنىڭ شاھزادىسى سىددخارتخا، يەنى ساكيامۇنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، «سىددخارتخا ئېتنىك جەھەتتىن ئارىيان-ساك ئىدى.»① ساكيامۇنى 29 يېشىدا ئوردىدىكى ئەيش–ئىشرەتلىك تۇرمۇشىدىن ۋە ئايالى گوپادىن ۋاز كېچىپ، ئالتە يىللىق ئىستىقامەت ئارقىلىق 35 يېشىدا بۇددا تەلىماتىنى ياراتقان. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇددا دىنى كەشمىر ئارقىلىق غەربىي رايونلارغا تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ،  ئۇيغۇرلارغا قاچان تارقالغانلىقى ھەققىدە بەزىبىر پەرقلىق قاراشلار بار. شۇنىسى ئېنىقكى، غەربىي رايونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇدۇن بۇددا دىنى ئەڭ دەسلەپ تارقالغان رايوندۇر. مەلۇم بولغان مەنبەلەرگە كۆرە، «بۇددا دىنى ئودۇنغا تارقالغان ۋاقتىنى مىلادىيە 1-ئەسىرگە قويۇش مۇۋاپىقراق»② بولۇپ، كونكرېت قىلغاندا، «مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 74–يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ.»③ ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، تارقىلىش ھەرگىزمۇ ئومۇملىشىشىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئومۇملىشىشى ئۇزۇن بىر جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇددا دىنى بارا–بارا ئودۇندىن كېڭىيىپ پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇملاشقان ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان. ئودۇن بىلەن كۈسەن ئەينى دەۋردىكى غەربىي يۇرت بويىچە ئەڭ گۈللەنگەن بۇددا مەدەنىيىتى ئوچاقلىرىغا ئايلانغان. ئىسلاملىشىشقا ئەگىشىپ تۇرپان يېڭى بىر مەركەز سۈپىتىدە بىر مەزگىل ئاۋاتلاشقان. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇمۇ ئىسلاملىشىپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ، بۇددا دىنى ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇشتىن قالغان. بۇ دېگەنلىك شۇنىڭدىن كېيىن بۇددا دىنى ئۇيغۇرلاردىن تەلتۈكۈس سۈپۈرۈپ تاشلاندى، دېگەنلىككە تەڭ ئەمەس. ئۇنىڭ بەزى ئېتىقاد – ئىدىيەلىرى ئۇيغۇرلار ئىسلاملاشقاندىن كېيىنمۇ كەڭ خەلق ئارىسىدا مۇئەييەن ئاڭ ھالىتىدە ساقلىنىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە سىڭىشىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇ يەكۈن بىزنىڭ يۇقىرىقى تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزدىكى دەلىلىدۇر.
(http://bbs.oylirim.cn)3 ~7 t5 [9 u* M$ u% P$ ~9 ^بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ھىندىستان مەدەنىيىتىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان. تېبابەت، ئاسترونومىيە، سەنئەت ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارغا كەڭ تارقىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە مۇئەييەن سالماقنى تەشكىل قىلغان. دەسلەپ دىنىي ئەقىدىلەرنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش مەقسىتىدە نۇرغۇنلىغان بۇددا نوملىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. زور بىر تۈركۈم تەرجىمانلار يېتىشىپ چىققان. تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئەسەرلەر «كۈچلۈك ئەدەبىيات خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.»④ چۈنكى ئۇلار بەزى ئەسەرلەرگە ئىجادىي ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئەسلىدىكى ئابستراكت، مەۋھۇم دىنىي ئەقىدىلەرنى جانلىق، ئوبرازلىق بولغان ھېكايىلەر ئىچىگە قويۇپ بايان قىلىپ، ئەسلىدىكى ئەسەرنى گۈزەل بىر ئەدەبىيات ئەسىرىگە ئايلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىندىستاندا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەت، چۆچەكلەر ساكيامۇنىغا نىسبەتلەشتۈرۈلۈپ، بۇددا ھېكايىلىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارغا تارقالغان ۋە تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنداق ھېكايىلەرنىڭ ئەدەبىيات تۈسى ناھايىتى روشەن بولۇپ، بۇ خىل ھېكايىلەر رەسىملەشتۈرۈلۈپ بۇددا مىڭئۆيلىرىگە سىزىلغان. كىشىلەرگە دىنىي تەرغىبات قىلىشتا كەڭ دەرىجىدە ئېيتىلغان. بارا–بارا ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىچىگە سىڭىشىپ، ئۇنىڭ تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن.
(http://bbs.oylirim.cn)" l+ R' f( ^2 s«رامايانا»⑤ ۋە «ماخاپتىرا» داستانى ھىندىستان ئەدەبىياتىدىكى ئىككى بۈيۈك نامايەندە. ئۇ ئۇزاق ۋاقىت ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىش جەريانىدا نەزمىي ۋە نەسرىي سەنئەت شەكىلدە تارقىلىپ مۇكەممەللىشىپ بارغان. بۇنداق ھەم نەزمىي ھەم نەسرىي ئۇسۇلى قوللىنىلغان ئەسەرلەر كەڭ خەلقنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. شۇنداق قىلىپ، نەسرىي شەكىلدە بايان قىلىش بىلەن نەزمىي شەكىلدە ئېيتىش بىرلەشكەن ئەدەبىي ژانىر بارلىققا كەلگەن. «بايان بىلەن ئاھاڭنى بىرلەشتۈرۈش ياكى نەزم بىلەن نەسرىنى تەڭ قوللىنىش ھىندىستان ئەدەبىياتىنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى»⑥ بولۇپ ھېسابلانغان. مەدداھلىق، غەزەلخانلىق شەكلىدە بۇددا ئەقىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىشتا كەڭ قوللىنىلغان ھەمدە بۇ خىل سەنئەت شەكلى ھىندىستاندا خېلى تەرەققىي قىلغان. بۇ خىل ئۇسلۇب دەسلەپتە دىنىي نوملارنى كىشىلەرگە تەشۋىق قىلىشتا كەڭ قوللىنىلغان. كىيىنچە بۇددا نوملىرىنىلا ئەمەس، بۇددا ھېكايىلىرىدىن تاللانغان قىسىملارمۇ ئېيتىلىدىغان بولغان. ھەتتا بەزى بۇددا دىنى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولمىغان مەزمۇنلارمۇ ئورۇندىلىدىغان بولغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇددا ئەقىدىلىرى ۋە ھېكايىلىرى قەدەممۇ قەدەم ئاممىبابلاشقان، چۆچەكلەشتۈرۈلگەن. تېپىلغان ۋەسىقىلەرگە قارىغاندا، بۇ خىل ئەدەبىي ژانىر «ئىدىقۇت ئىلىدىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تارقالغان.»⑦ ئۇنىڭدىن باشقا «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»دىمۇ بۇ خىل ژانىرنىڭ ئالاھىدىلىكنىڭ ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. سەھنە ئەسەرلىرىگە تەئەللۇق ۋەسىقىلەردىمۇ بۇ خىل ئۇسلۇب گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، «مايتىرى سىمىت» بۇنىڭ دەلىلىدۇر. چۈنكى «سانسكرىت دىرامىلىرى مەدداھلىق - غەزەلخانلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.»⑧ ئەينى چاغلاردا ئىدىقۇت ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان «‹گۈللۈك كېمىر› بېزەكلىك سورۇنلىرىدىكى ئاۋازسىز تىياتىر كۆرۈش پائالىيەتلىرى»⑨ دىمۇ بۇ خىل ئۇسلۇب مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ دەۋرلەردە يەنە بۇت سەيلىسى، نوم نوملاش، بۇددا ھېكايىلىرىنى مەدداھلىق سەنئىتى ئارقىلىق كىشىلەرگە تەشۋىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرمۇ ئەۋج ئالغانىدى. دېمەك، نەزمىي ۋە نەسرىي شەكىل بىرلەشكەن بۇ خىل ئەدەبىي ژانىر «كېيىنكى دەۋر ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن.»⑩ بەلكى «مەملىكىتىمىزدە، مەيلى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك كىشىلىرى بولسۇن، مەيلى تاڭغۇت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ياكى باشقا مىللەتلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەدداھلىق - غەزەلخانلىقنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان.»⑪ ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى سەنئەت شەكلى بولغان مەدداھلىق - غەزەلخانلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنىشقا ۋە تەرەققىي قىلىشقا ئېرىشكەن. خەلق داستانلىرىدا بۇ خىل تەسىر ئەڭ كۆپ كۆرىلىدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
داستانلار ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان نەزەرىيەۋى كىتابلاردا خەلق داستانلىرىغا ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ھالدا، نەسرىي بايان ۋە نەزمىي تەسۋىرلەر ئارقىلىق مول ئىجتىمائىي تۇرمۇش مەزمۇنىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سۇژىتلىق ئەسەر، دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى قىسقىچە قىلغاندا تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدا ئىپادىلىنىدۇ:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
1) نەسر بىلەن نەزمىنىڭ بىرلەشمىسىدىن تۈزۈلىدۇ؛(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2) ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خەلقئارا سۇژىتلار ئاساسىدا يارىتىلغان؛
(http://bbs.oylirim.cn)+ O1 Y  ]4 B3 @& D9 d- a3) ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى مول ۋە رەڭگارەڭ ئاھاڭ–كۈيلەرگە ئىگە.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇيغۇرلار خەلق داستانلىرىنى ئېيتقۇچىلارنى ئادەتتە مەدداھ دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، مەدداھلار، تىل، مۇزىكا، نۇتۇق ۋە ھەرىكەت سەنئىتىگە ماھىر كېلىدۇ. داستانلارنىڭ ئېيتىلىش سورۇنى ئاساسىي جەھەتتىن بازار–رەستىلەر، مەشرەپلەر ۋە مازارلار بولىدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
  يۇقىرىدىكى بايانلارنى بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، ھىندىستاندىكى نەزم ۋە نەسرىي شەكلىنى ئىپادىلەش ۋاسىتىسى قىلغان مەدداھلىق - غەزەلخانلىق سەنئىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى روشەن ئوخشاشلىقلارنى ۋە كۈچلۈك تەسىرىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ خىل تەسىر ۋە ئوخشاشلىق ھازىرقى ئەھۋال ئاستىدا شەكىل جەھەتتە بەكرەك روشەندۇر. بۇ تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدا ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)2 q0 O. w# r. Aئەڭ ئاۋۋال، ھىندىستان مەدداھلىق - غەزەلخانلىق سەنئىتىمۇ ھەم نەسرىي بايان ھەم نەزمىي مەزمۇنلارنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ۋاسىتىسى قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى خىل شەكىل تەڭ قوللىنىلىدۇ. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىمۇ نەزمىي ۋە نەسرىي شەكىلنى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئورۇندىلىدۇ. ھازىر، بۇ خىل ئۇسۇل داستاننى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى باشقا ژانىرلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئاساسلىق ئالاھىدىلىككە ئايلانغان. ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدا ئاساسىي ۋەقەلىك نەسرىي تىل بىلەن، لىرىك ھېسسىياتقا دائىر مەزمۇنلار نەزمىي بايانلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ يەردىكى نەزمىي تىل دېگەندە مۇئەييەن ئاھاڭغا ئىگە ناخشىنى، نەسر دېگەندە ۋەقەلىك بايان قىلىنغان ھېكايە قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. «مەشھۇر ئۇيغۇر خەلق داستانى ‹غېرىب–سەنەم›دە قوللىنىلىدىغىنى دەل مۇشۇ ناخشا ئېيتىش بىلەن ھېكايە سۆزلەشنى بىرلەشتۈرۈش، نەزم بىلەن نەسرنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىپادىلەش ۋاسىتىسى»⑫ بولۇپ، ھىندىستان بۇددا دىنى مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇرلاردىكى «مايتىرى سىمىت» دىرامىسى ھىندىستان بۇددا مۇھىتى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن سانسكرىت دىرامىلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، «مايتىرى سىمىت»تا ئىپادىلەنگەن بەزى سەنئەت ئېلېمېنتلىرى كېيىنكى ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىغا مەلۇم دەرىجىدە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. «بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، قەدىمكى ھىندىستاننىڭ مەدداھلىق - غەزەلخانلىق ئەدەبىيات شەكلى ‹مايتىرى سىمىت› دىراممىسىدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ‹مايتىرى سىمىت›تا قوللىنىلغان بۇ خىل ئۇسۇل كىينىچە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ داستان ئىجادىيىتىدىكى مۇھىم بىر ئىپادىلەش ۋاسىتىسىگە ئايلانغان.»⑬(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئىككىنچى بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، ھىندىستاندىكى مەدداھلىق - غەزەلخانلىق سەنئىتىنىڭ دەسلەپكى شەكلى بۇددا نوملىرىنى تەپسىرلەش، بۇددا يارالمىش ھېكايىلىرىنى كەڭ مۇرىتلارغا سۆزلەشنى ئەڭ بۇرۇنقى مەنبە قىلغان. «ئاممىۋى خاراكتېر ئالغان دىنىي پائالىيەتلەر قاتارىدا، بۇددا ئۆلىمالىرىنىڭ نوم نوملاشلىرىغا نۇرغۇن جامائەت قاتنىشىش، راھىبلارنىڭ بۇددا ئەقىدىلىرى، رىۋايەت–ھېكايىلەرنى سۆزلىشىگە ئىشتىراك قىلىشلار... ئېلىپ بېرىلاتتى.»⑭ راھىب كالانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان بۇددا راھىبلىرى يىغىلغان مەيدانلاردا، بۇتخانا ھويلىلىرىدا، ئەمرى- مەرۇپ سورۇنلىرىدا راھىب ۋە مۇرىتلارغا دىنىي ئەقىدىلەردىن دەرس بېرىشى كېينىچە تەرەققىي قىلىپ، بەزى دىندىن خالىي مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ھالەتتىن تەرەققىي قىلىپ بارا–بارا كۈي-ئاھاڭلار قېتىلغان. بۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ نەزمىي تىلمۇ ئىشلىتىلگەن. بۇددا ئەقىدىلىرى تېخىمۇ يېقىشلىق، جەلپ قىلارلىق ئۇسۇللار بىلەن كەڭ خەلققە تەشۋىق قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ھەم دىننى تارقىتىش، ھەم ھۇزۇر ئېلىش بىرلەشكەن بىر شەكىلگە ئايلانغان.
(http://bbs.oylirim.cn)8 o. }! U/ X1 J9 G9 Nئۇيغۇر خەلق داستانلىرىمۇ ئاساسلىقى بازار–رەستىلەردە، جامائەت توپلاشقان سورۇنلاردا ۋە ئەڭ كۆپ ۋاقىتلاردا مازارلاردا مازار تاۋاپ سەيلىسى ئۆتكۈزىلىدىغان ۋاقىتلاردا ئورۇنلىنىدۇ. تولا ھاللاردا دىنىي مەزمۇندىكى داستانلار، تارىخىي داستانلار ۋە تەكلىپ بىلەن بەزى مۇھەببەت داستانلىرىمۇ ئېيتىلىدۇ. داستان ئېيتقۇچى ئوتتۇرىدا ئۆرە تۇرۇپ ئېيتىدۇ. ئاڭلىغۇچىلار داستان ئېيتقۇچىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ تىڭشايدۇ. داستانلاردا ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلار تولىراق تەربىيە خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلارغا مەلۇم تەربىيە بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ نۇقتا مازارلاردا ئېيتىلىدىغان دىنىي داستانلاردا گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە دىنىي ساۋاق بېرىشنى ئاساسىي نىشان قىلىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)9 S' C5 F( L# E' {, V8 V# Kيۇقىرىقى بايانلارنى بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، ھىندىستان مەدداھلىق - غەزەلخانلىق سەنئىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلق داستانچىلىقنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئوخشاشلىقلارنى، بىردەكلىكنى ھېس قىلالايمىز. داستاننىڭ مەزمۇنى گەرچە مەزمۇن جەھەتتىن ئۇيغۇرلار ھازىر ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىغا ماسلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى ئومۇملاشقان مازار تاۋاپىنىڭ بۇددا دىنى دەۋردىكى بۇت سەيلىسىگە بىۋاسىتە تۇتۇشىدىغانلىقىدەك يەكۈن ۋە ھازىرمۇ تاۋاپ قىلىنىپ، داستانلار ئېيتىلىدىغان بەزى مازارلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى بۇددا قەدەمگاھلىرى ئىكەنلىكىدەك پاكىتلارمۇ مەلۇم نۇقتىدىن بىزنىڭ ھىندىستان مەدداھلىق - غەزەلخانلىق سەنئىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ ئورۇنلىنىش شەكلى جەھەتتىكى ئوخشاشلىق ۋە تەسىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يەنە بىر جەھەتتىن، ھىندىستان مەدداھلىق - غەزەلخانلىق سەنئىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى سۇژىت جەھەتتىن بەزىبىر بىردەكلىككە ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)$ e' |0 C# R- Xمەلۇمكى، ھىندىستان قەدىمدىن باشلاپلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ناھايىتى مول بىر ئەل. شۇڭا بەزى تەتقىقاتچىلار دۇنيا چۆچەكلىرىنىڭ دەسلەپكى تارقالغان جايى ھىندىستان، يەنى دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ چۆچەكلىرى ئەڭ دەسلەپ ھىندىستاندىن تارقالغان، دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى خېلى كۆپ چۆچەكلەر ھىندىستان چۆچەكلىرىنى ئۆزىگە مەنبە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چۆچەكلەردىكى بەزى ۋەقەلىكلەر داستانلاردىمۇ تەكرارلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال بىزگە بۇددا مۇھىتىدىكى ھىندىستان مەدداھلىق - غەزەلخانلىق سەنئىتىدىكى بەزى سۇژىتلارنىڭ ئۇيغۇر داستانلىرىنىڭ تەركىبىگە سىڭىپ كىرگەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى تۇغدۇرىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ھازىر بار بولغان بەزى داستانلارنىڭ ھىندىستاندىن تارقالغانلىقىدەك⑮ خۇلاسىسىمۇ بۇ قارىشىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ. يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنداق ھادىسە ئەلۋەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان مىللەتلەر ئارا ئۆتۈشۈش ئەھۋالىدۇر.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەلۋەتتە، ھازىرقى داستانلىرىمىزنىڭ مەزمۇنى بىۋاسىتە ئىسلام مۇھىتىدا گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. تىل ئۇسلۇبى ۋە ئىپادىلىگەن ئىدىيەۋى خاھىش جەھەتلەردىنمۇ ئىسلام دىنى رامكىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. ئەمما، نوقۇل ئىسلام دىنىغا ئائىت داستانلارنىڭ بار بولۇشى يەنە باشقا گەپ بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كىيىن، ئىسلام مۇھىتىدا تۇرۇپ ئىجاد قىلىنغان داستانلاردۇر. مەسىلەن: «ئابدۇراخمان خان خوجا» داستانىغا ئوخشاش. لېكىن، داستانچىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن بۇرۇنمۇ مەۋجۇت بىر ژانىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى دىنلارنىڭ تەسىرىنى چەتكە قاقمايدۇ. ئۇنىڭدا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالدا بۇرۇنقى ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ تەسىرى ساقلانغان بولىدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھىندىستان بۇددا دىنى مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇر داستانچىلىقى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ۋە تەسىرلەر يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىز بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى كىيىنكى چوڭقۇرلىما تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشىمىز.
(http://bbs.oylirim.cn)& P6 A% P6 E* p+ t0 w6 N1 C- ^, tئىزاھاتلار:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
① لۇي جىن: «ھىندىستان بۇددىزمنىڭ مەنبەلىرى ۋە تارماقلىرى»، شاڭخەي خەلق نەشرىياتى، 1979–يىل نەشرى، 12-بەت.
(http://bbs.oylirim.cn)1 l: Q0 W* ^& B( {② لى يىپىڭ: «بۇددا ئېلى ئودۇن»، ئەبەيدۇللا ئاقۇپ تەرجىمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995-يىل نەشرى، 93–بەت.
(http://bbs.oylirim.cn)+ j" W8 u5 H! A& L5 `1 n③ غەيرەتجان ئوسمان: «قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2007–يىل نەشرى، 292- بەت.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
④杨富学“印度宗教文化与回鹘民间文学”, 民族出版社,2007年9月版,77页。(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
⑤ بۇ داستان ئەينى دەۋرلەردە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ پارچىلىرىنى گېرمانىيەنىڭ 2– ۋە 3-قېتىملىق تۇرپاننى تەكشۈرۈش ئەترىتى يارغۇل قەدىمكى خارابىسىنى قازغاندا قولغا چۈشۈرگەن. بۇ پارچىلار ھازىر بېرلىن گېرمانىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدا Mainz73 (TⅡY47) ۋە U1000(TⅢ86-64) نومۇرلۇق قوليازما ھالىتىدە ساقلانماقتا. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلار ئۈچۈن نىيۇ رۇجى يازغان «ئۇيغۇر بۇددىزم تېكىستلىرى - بۇددىزم ھۆججەتلىرى ۋە پارىژدا ساقلانغان دۇنخۇاڭ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددىزم تېكىستلىرى» دېگەن كىتابىغا قاراڭ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
⑥杨富学“印度宗教文化与回鹘民间文学”, 民族出版社,2007年9月版,304页。
(http://bbs.oylirim.cn)* |5 g+ I3 \' Y: F9 P2 s; o/ J⑦ 杨富学“印度宗教文化与回鹘民间文学”, 民族出版社,2007年9月版,305页。
(http://bbs.oylirim.cn)4 @, @( _9 D' l$ z( b% Eدۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئىدىقۇت ئېلىگە تەئەللۇق ئەسەر «ئامىتا بۇددانىڭ نوم تەپسىرلىشى»، مۇشۇ خىل ژانىرنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر.
(http://bbs.oylirim.cn)2 h- V3 p0 N/ v( v⑧ ئوسمان ئىسمايىل تارىم: «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2009–يىل 9–ئاي نەشرى، 159-بەت.
(http://bbs.oylirim.cn)1 j3 P4 \; H  w1 l% n6 s! J7 C# z% K⑨ئىسمائىل تۆمۈرى: «ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998 – يىل 12- ئاي نەشرى،197- بەت.
(http://bbs.oylirim.cn)# a4 j5 D' j3 n% b. K" j5 E4 q⑩ 杨富学“印度宗教文化与回鹘民间文学”, 民族出版社,2007年9月版,329页。(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
⑪ ئوسمان ئىسمايىل تارىم: «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2009–يىل 9–ئاي نەشرى، 159- بەت.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
⑫杨富学“印度宗教文化与回鹘民间文学”, 民族出版社,2007年9月版, 4页。(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
⑬ ئوسمان ئىسمايىل تارىم: «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2009–يىل 9–ئاي نەشرى، 159- بەت.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
⑭ ئىسمائىل تۆمۈرى: «ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998–يىل 12-ئاي نەشرى، 197-بەت.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
⑮ ئوسمان ئىسمايىل تارىم: «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2009–يىل 9–ئاي نەشرى، 628-بەت.
(http://bbs.oylirim.cn)% f$ X9 C. f0 y) G& i; y# V(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن
(http://bbs.oylirim.cn)) Z% Z6 Q  A" }' [4 q(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)$ k5 u0 l/ R8 b: i6 P               论印度佛教文化与维吾尔达斯坦(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
                       
(http://bbs.oylirim.cn)- U9 T" G/ y/ z3 s# y                       阿不来提•亚生
(http://bbs.oylirim.cn)5 D; B) u0 C( {6 c8 H6 r
(http://bbs.oylirim.cn)- D6 ^! @5 c, j- ?5 A+ g- {摘  要:本文研究并分析了从印度传来的佛教文化及其意识形态对维吾尔民间文学-达斯坦的形式、内容、表演等方面所产生的影响,阐述了两者之间的关系、历史交流及相互影响。
(http://bbs.oylirim.cn)) M# G; x. f4 V9 J
(http://bbs.oylirim.cn)4 U+ ?" t0 S. p0 V9 C关键词:佛教文化;达斯坦;民间文学;

ئالدىنقى: زەڭگەر كۆز
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 09:26 , Processed in 0.747113 second(s), 42 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش