ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 15701|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

غەربىي رايونلارنى ئېچىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ يېڭى تارىخىي دەۋرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       
(http://bbs.oylirim.cn)/ i& f& p2 r5 V% t  ?
غەربىي رايونلارنى ئېچىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ يېڭى تارىخىي دەۋرى
(http://bbs.oylirim.cn)& P! w5 ?$ B" r( Z
(http://bbs.oylirim.cn)# U; L9 Z! u- Gئىقبال تۇرسۇن

(http://bbs.oylirim.cn)0 h: m5 c$ `# l0 H
(http://bbs.oylirim.cn)1 \* O$ F4 \# h4 cيېڭى ئەسىر —ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى تەنتەنە قىلىنىپ، يېڭى يۈزلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان پەيتتە، دۇنيانىڭ شەرقىي بۇرجىكىدە ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى دۇنياۋى ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتنىڭ كەسكىن رىقابەت ھەم خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يەتمەكتە.           (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىر دەۋردىكى مىللەتنىڭ مىللىي ئىگىلىكى بىلەن مەدەنىيەت-سەنئەت تەرەققىياتى شۇ دەۋرنىڭ مىللىي روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان چاغدىلا، ئاندىن مۇستەھكەم تايانچ ۋە كاپالەتكە ئېرىشىدۇ. ئۆتكەن 100 يىللىق ئىجتىمائى ئىنقىلاب ۋە ئىسلاھات جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئورنى، مەدەنىيەت ساپاسى جۇڭگودىكى باشقا مىللەتلەر قاتارىدا خېلى زور دەرىجىدە ئۆسكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئەقىل-پاراسەت، پەلسەپىۋى ئاڭ، سىياسىي كۆز قاراش، ئېتىقاد، خاراكتېر جەھەتلەردىن پىشىپ يېتىلگەن ھەقىقىي ھازىرقى زامان مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغىنى يوق.                                    
(http://bbs.oylirim.cn)% L2 G9 {0 Q$ uخۇددى 10-ئەسىردە ئۆتكەن پارس مۇتەپەككۇرى خىسراۋ دىھلەۋى: «ئادەم ھۆسنى بىلەن گۈزەل ئەمەس، بەلكى ئادىمىيلىك جەۋھىرى بىلەن گۈزەلدۇر» دەپ ئېيتقىنىدەك، بىر ئادەمنىڭ ئۇلۇغلۇق ۋە كامالىتى ئۇنىڭ بوي تۇرقى ۋە قەددى-قامىتى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. ئوخشاشلا بىر مىللەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەم كامالىتىمۇ ئۇنىڭ سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن ئۆلچەنمەستىن، شۇ مىللەتنىڭ زامان تەلەپلىرىگە دەل ۋاقتىدا، توغرا ئىنكاس قايتۇرالايدىغان ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن ئېڭى، پەن تېخنىكىسى بىلەن قوراللىنىشىغا باغلىق. قالاق بېكىنمە پىسخىك ھالەتتىن تولۇق قۇتۇلمىغان، قۇدرەتلىك مەنىۋى ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە بولمىغان مىللەت كەلگۈسى دۇنيادا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئۇنداقتا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار روھىيەت جەھەتتە ئۆزلىرىنى قانداق تونۇۋاتىدۇ؟ ئۇلار بۈگۈن بىرلىككە كەلگەن توغرا تەرەققىيات يولىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى قولىغا ئالالىدىمۇ؟ مانا بۇ بىز ئويلىنىدىغان مەسىلە.                                                    (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
1. «ھالاكەت دېڭىزى»دا چاقنىغان ھاياتلىق نۇرلىرى
(http://bbs.oylirim.cn)9 h; ]4 w$ }1 h: C; `% G5 lئۆتمۈش تارىخىمىزنىڭ ئازاپلىق خۇرسىنىشلىرىنى باغرىغا يوشۇرۇپ ئېغىر سۈكۈتكە چۆمگەن، تارىختا «ھالاكەت دېڭىزى»، «سىرلىق ماكان» دەپ ئاتالغان تەكلىماكاننىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدا گويا ئاسماندىن يۇلتۇز تۆكۈلگەندەك ھاياتلىق نۇرلىرى چاقنىماقتا. تەبئىيكى بۇ بۈگۈنكى جۇڭگو كومپارتىيسىنىڭ يېڭى ئەسىردىكى تەرەققىيات نىشانىغا يۈزلەنگەن چوڭ غەرىپنى ئېچىش ئىستىراتىگىيسىنىڭ مۇقەددىمىسى.                                     (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۈگۈنكى شىنجاڭ—سانائىتى ۋە ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى دەپ قارىلىدىغان نېفىت، تەبئىي گاز، ئالتۇن، كۆمۈر، پاختا، ئوران قاتارلىق تەبئىي بايلىقلار زاپىسىنىڭ موللىقى، ساپلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، تارقىلىش كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن خەلقئارا ئىقتىساد، تېخنىكا ساھەلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانماقتا.                           (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە كەڭ ئېچىۋېتىلىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە تۇتاشقان قۇرۇقلۇق، تۆمۈر يول، ھاۋا قاتنىشى ۋە پوچتا-تېلېگراف ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىنىڭ تورلاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، باشقا ئۆلكە شەھەرلەر ۋە ئەللەرنىڭ نېفىت بۇرغىلاش، كان قىدىرىش-تەكشۈرۈش ئەترەتلىرىدىن زاۋۇت، كان-كارخانىلارغىچە تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئادەم كۈچىنى تارىمغا ئاققۇزدى ھەمدە تارىمنى رىقابەت، خىرىسقا تولغان جەڭگاھقا ئايلاندۇردى. بۇ ھال شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەبئىي ئىگىلىكى ھەمدە قاتمال ئىقتىسادىي ئېڭىغا مىسلىسىز ئېغىر بېسىم ۋە توسالغۇدىن بېشارەت بەردى. تارىملىقلار ئۆتمۈشتىكىدەك سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە كۈرەش شەكلىدە ئەمەس، بەلكى ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-پەن ۋە ئۇچۇرغا تايىنىپ بىر مەيدان مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد جېڭى قىلىشقا دۇچ كېلىدۇ.                                                               (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تارىم ۋادىسى—شەرق مەدەنىيتىنىڭ بۈيۈك ئاپرىدىگاھلىرىدىن بىرى. ئۇ ئۆز قوينىغا ئەجداتلىرىنىڭ ئىجادچانلىق روھى ۋە جەڭگىۋار خاراكتېرىنى مۇجەسسەملەپ ھالاكەت بىلەن ئېلىشىشتا ھايات چۇقانلىرىنى توۋلاپ، ئۆز يىلتىزىنى مۇستەھكەملەپ، تارىملىقلارنىڭ ئىجادىيەت كۈچ-قۇدرىتىنى ئوتتۇرا جۇڭگودىن ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا ھەتتا ياۋروپاغىچە يەتكۈزگەن. ئەنە شۇ قەدىم تۇپراقتا تۆرەلگەن نۇرلۇق مەدەنىيەت سەمەرىلىرى ئۇنىڭ ھەقدارلىرى روھىيتىدە ئىپتىخارلىق، مۇقەددەس ئىرادە ۋە ئېتىقاد كۈچىنى تاۋلاپ چىققان، تارىخىي يادنامىلاردا «غەربىي رايون» دەپ شەرتلىك ئاتالغان تارىم ۋادىسى تارىخىي سىياسىي سەۋەبلەر ۋە جۇغراپىيىلىك شارائىتلىرىدىكى ئۆزگىچىلىكى سەۋەبىدىن «ھالاكەت رايونى» دېيىلگەن. مەيلى قانداق ھېسسىياتتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ خاسىيەتلىك ۋە سىرلىق دىيار ھەر بىر دەۋرلەردە سەلتەنەت سۈرگەن خانۇ-خاقانلار، سۇلالىلەردىن ئاۋام خەلققىچە ھاياتلىق زېمىنىگە ئايلانغان.  يېقىنقى دەۋرلەردە ئىقتىساد، مەدەنىيەتتە ئارقىدا قېلىپ قالاقلىق، نامراتلىق ۋە بېكىنمىچىلىك ئىچىدە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىدىن پايدىلانغان ئىچكى-تاشقى دۈشمەنلەر ۋە مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىرى بۇ جاينى ھاياتلىق ئۈمۈدى بېغىشلايدىغان جەننەت، كۆڭۈل يايرايدىغان گۈلشەن، ئىچىپ قانمايدىغان ھاياتلىق بۇلىقى دەپ تالان-تاراج قىلدى. ئەندىكىش، قىزغىنىش ۋە زىيادە ھەۋىسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتىغانىدى. تارىخىي پاكىت ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى تارىم ۋادىسى قەدىمدىن بېرى «ھالاكەت رايونى» ئەمەس، بەلكى ئىجادىيەت كۈچ-قۇدرىتىگە تولغان نۇرلۇق ئانا زېمىن. شۇڭىمۇ بىز ئۆزىمىزنىڭ نۇرلۇق كېلەچىكىنى ئەقىل كۆزىمىزدە كۆرۈپ، ئۈمۈدۋارلىق ھېسلىرىغا چۆمگىنىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ مۇرەككەپ بىر دەۋردە ياشاۋاتقىنىمىزنى، روھىمىز، بۇرچىمىزنى تولۇق ھېس قىلىپ، قەدىمدىن قالغان مەنىۋى ئۆسمە- جاراھەتلەرنى تەلتۆكۈس داۋالاپ ساقايتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.       سۈكۈت-ئەقىل تۇغۇلۇشقا باشلىغان پەيت. تارىمنىڭ ئۇزۇن زامان ھۆكۈم سۈرگەن سۈكۈناتى خەلقىمىزنىڭ خىيال-سۈكۈت ئىچىدە ئويغىنىش ۋە ئويلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىيال دۇنياسىدىن رېئاللىققا مەردانە يۈزلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق يولىدىكى پاراسەتنى يارىتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇيغۇرلار بۈگۈنكىدەك كەسكىن رىقابەت، خىرىس ئالدىدا ئۆز مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ تارىختىكىدەك ئىجادىيەت كۈچ-قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرالامدۇ؟ ئۇيغۇر ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ھازىرقى پەن-تېخنىكا دۇنياسىدا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجادىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىيات يوللىرىنى بويلاپ جاۋاب ئىزدەيلى.                     
(http://bbs.oylirim.cn)- L2 w8 s  y& p- V( v2.ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى
(http://bbs.oylirim.cn)" T6 x2 Y* B8 H+ H2 Kبىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە ئالغا كەتكەن مىللەت ياكى ئارقىدا قالغان مىللەت بولۇپ قېلىشىنى شۇ مىللەتنىڭ ئىلىم-پەن تېخنىكا سەۋىيىسى بىلەن نەزەرىيۋى تەپەككۇر دەرىجىسى بەلگىلەيدۇ. ھەر قانداق بىر دەۋردە مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە قىممىتىدە پەرقلەر شەكىللەنسىمۇ، ئەمما دۇنيادا ھېچقانداق «مەدەنىيەتسىز مىللەت» ياكى «ناچار مىللەت» يوق. ئاتالمىش «مەدەنىيەتسىز مىللەت»مۇ خۇددى «زامانىۋى مىللەت»كە ئوخشاش بىر نۇقتىدىن يولغا چىقىپ، تارىخنىڭ مەلۇم دەۋرلىرىدە سىياسىي، ئىجتىمائىي سەۋەب ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ئىلىم-پەن، ھۈنەر-سەنئەت، تېخنىكا، پەلسەپە، قانۇن، سىياسەت، ئەخلاق، تۇرمۇش شەكلى، ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردە شەكىللەنگەن تەرەققىياتنىڭ تەكشىسىزلىكىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر .                             (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تۈرلۈك تارىخىي ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ھازىرقى زامان تۇرمۇشى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتىدە باشقىلاردىن كۆرۈنەرلىك ئارقىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار ئەجدادلىرى يىراق قەدىمدە ئوتتۇرا، مەركىزىي ئاسىيادا ياراتقان مەنىۋى ئىختىرالىرىنىڭ پەخىرلىك ئىجادىيەت قۇدرىتىنىڭ يوشۇرۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە. تارىم ۋادىسى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى قەدىمىي قەۋملەرنىڭ ئىرقىي قانداشلىقىنى باغلاپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت تەپەككۇر، مەدەنىيەت پىسخىكىسى، ئەنئەنىسى، تۇرمۇشىنى بىر-بىرىگە زىچ گىرەلەشتۈرىۋەتكەن. بۇ چوڭ بىردەكلىك ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقاد ۋە پەلسەپە سېستىمىسىنى جۇلالاندۇرۇپ شەرق خەلقلىرى مەدەنىي تۇرمۇش تارىخىغا ئۈلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ تەرەپتىن ئالغاندا قەدىمىي ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم تۈركىي تىللىق خەلقلەر توپىنىڭ ھاياتلىق ئىزلىرى قالغان جاي بولۇپلا قالماي، جاھان بىلىش تارىخى، پەلسەپە-ئەخلاق ۋە ئېتىقاد سېستىمىلىرىنىڭ كۆپ خىل تەسەۋۋۇر ھېكمەتلىرى يەنى شەرق مەدەنىيەت ئويغۇنىشىنىڭ پەلسەپىۋى ھېكمەتلەر خەزىنىسىنى ھاسىل قىلغان تۈركىي مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ يارقىن نامايەندىسىدۇر.                                             (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تارىملىقلار—ئوتتۇرا ئاسىيادىن مەركىزىي ئاسىياغىچە، ھەتتا ئوتتۇرا جۇڭگوغىچە تۇتىشىدىغان يىپەك يولىنىڭ تۈگىنىنى ئىگىلەپ، بۇ يولدا قەدىمكى گىرىك-يۇنان مەدەنىيتى، ھىندىستان مەدەنىيتى، مىسىر-ئەرەب مەدەنىيتىنى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيتى بىلەن ئۆز مەدەنىيتىنى ئۇچراشتۇرۇپ كۈچەيتتى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىجابىي تەرىپىنى قايتا جارى قىلدۇردى. تارىختا قۇدرەتلىك مۇستەقىل سىياسىي تۈزۈلمىلەرنى بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، تەبئىي پەن ۋە نەزەرىيۋى پەنلەرنى بىرلەشتۈرۈپ تىل، تارىخ، دىن، ئېتىقاد، پەلسەپە، ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەت، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەلىرىدە خاس ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت سېستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. «ئوغۇزنامە» ۋەكىللىك قىلغان قەھرىمانلىق دەۋرنىڭ ئېتىقاد ۋە ئەپسانە روھىنى بۇددىزىم مەدەنىيتىگە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىسلام پەلسەپەسى بىر گەۋدىلەشكەن پەلسەپە سېستىمىسىنى، ئىپتىدائىي تەسۋىرىي سەنئەت ۋە ئېپوس، رىۋايەتنى بەلگە قىلغان خەلق ئىجادىيتىدىن كىلاسسىكلار ئىجادىيىتىدە كامال تاپقان ئەدەبىيات-سەنئەت ئىدىئولوگىيىسى سېستىمىسىنى، ئىپتىدائىي قەبىيلىچىلىك دەۋرىدىن باشلىنىپ، كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەرگىچە بەرقارار تۇرغان سىياسەت ۋە ئەخلاق سېستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. شەرق-غەرب مەدەنىيەت شەكلى ئۆز-ئارا سىڭىشىش ۋە تەسىرلىنىشتىن ھاسىل بولغان بۇ مەدەنىيەت جۇغلانمىسىدا زەردۇشىزىمدىن خىرستيانغىچە، بۇددىزىمدىن ئىسلامىيەتكىچە، ساكيامونىدىن مۇھەممەت پەيغەمبەرگىچە، گىرىك-بابىلون، ھىندىدىن بۇخارا ۋە قەشقەرگىچە سوزۇلغان تەپەككۇر ھېكمەتلىرى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. تۈركىي تىللىق خەلقلەردە «دەدە قورقۇت»، «ئالپامىش»، «ئەرگىنە قۇن»، «ئوغۇزنامە»، «خۇاستا ئانافىت»قا ئوخشاش ئېپوس-داستانلار مەيدانغا كەلگەن دەۋرلەردە ئەرەب ۋە باشقا خەلقلەر مۇنداق ئىجادىيەت نەمۇنىلىرىنى يارىتىشقا مۇۋاپىق بولمىغانىدى. شەرق مەدەنىيەت دۇنياسىنىڭ تۇنجى ئويغىنىشى ئەرەب، فارس ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئالەم، تەبىئەت ۋە پەلەكيات قانۇنىيەتلىرىنى تەجرىبە قىلىش ۋە نەزەرىيلەشتۈرۈشتىكى يېتۈكلىكىدە كامالەت تاپتى. 7-12 ئەسىرلەردە شەرقتىكى بۇ ئۈچ قەدىم مىللەتنىڭ ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى ئۇلۇغ ئالىملىرىدىن ئەل رازى، جابىر، خارازمىي، ئەل مەسئۇدى، ئەل ۋافائى، بىرونى، ئىبىن سىنا، ئەبۇ ناسىر فارابى، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، سەئىدى، مەنسۇرى، خىسراۋ دىھلەۋى، ئەھمەد يۈكنەكى قاتارلىقلار ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، مىدىتسىنا، تارىخ، جۇغراپىيە، پەلسەپە، ئىلاھىيەت، سەنئەت ساھەسىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان ۋە نەزەرىيلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلغان ئىدى. ئىبىن سىنانىڭ يورۇقلۇق ۋە ھەرىكەت ئىسسىقلىق نەزەرىيسى، ئىبنى ھېسامنىڭ ئوپتىكا (نۇر ئىلمى) تەجرىبىسى، ئەل خەزىيننىڭ ئالەمنىڭ تارتىش كۈچى نەزەرىيسى، شىرازىنىڭ ھەسەن-ھۈسەن تەلىماتلىرى، بىرونىي ۋە فارابىنىڭ تەبىئەت قانۇنى نەزەرىيسى ۋە ئىلاھىيەت ئىددىيىلىرى، ئەمىر تېمۇر، ئۇلۇغبەگنىڭ ئاسترونومىيە ۋە مۇھەممەت شاھنىڭ تۇنجى كالىندارى، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تۇنجى يۇمۇلاق خەرىتىنى يارىتىشى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «بىلىم كۈچ» نەزەرىيسى بىلەن قانۇنچىلىق ئىددىيىسى يېقىنقى زامان ياۋروپا ئالىملىرىدىن باشلاپ قايتا جارى قىلدۇرۇلدى.                                              (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ياۋروپا ئىلىم-پەن تارىخىدىكى سىنپوزا، لوكرىتئوس، دارۋىن، فىرىئوىد، بېكۇن، گالىلى، دىموكرىت، ئېينىشتىيىن، ئىدىسون، نيوتۇن، روسىمۇ، نىتىزى، ئىدگار، ھېگىل قاتارلىق تەبئىي پەن ئالىملىرى، تەبىئەتشۇناسلار ۋە پەيلاسوپلار شەرق ئالىملىرىنىڭ نەزەرىيۋى تەلىماتلىرى ئاساسىدا ياۋروپا پەن-تېخنىكا ئىنقىلابىنى شەكىللەندۈرگەن.                                                 (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
نىھايەت، شەرقتە-ئوتتۇرا ئاسىيادا 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇرۇش، بۆلۈنۈش، ئىچكى كۈرەش ۋە دىن مەزھەپلىرىنىڭ سۈيقەستلىرى ئەركىن پىكىر ۋە ئىددىيە تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويغانلىقتىن، پارلاق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھېكمەتلىرى جاھالەت تۇمانلىرى قوينىدا غۇۋالىشىپ ئىجادىيەت كۈچىنى تۇنجۇقتۇرىۋېتىشكە تاس قالدى. ئۇنىڭ قانلىق تەجرىبىلىرى شۇكى: بىرىنچىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلانغان ئۈزۈلمەس ئۇرۇش، زىددىيەت، بۆلۈنمىچىلىك ۋە سۈيقەست ئىچىدە سىياسىي مەجبۇرىيەت ئېڭىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، ئىككىنچى، ئىسلام سوفىزمىنىڭ مەزھەپ-گورۇھلىرى پەيدا قىلغان تەپرىقىچىلىق، توقۇنۇش ۋە دىننى ۋاستە قىلغان سىياسىي توپىلاڭ ئىچىدە خەلقنى چۈشكۈنلۈك، جاھىللىق، قاششاقلىققا يۈزلۈنۈپ ئەخلاق ۋە پاك ئېتىقادتىن ئايرىلىپ قېلىشى، ئۈچىنچىدىن، جۇغراپىيلىك ئامىللار بىلەن تارىخىي سەۋەبلەر بىرلىشىپ، ھېسسىيات خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋېتىش نەتىجىسىدە پەلسەپىۋى ئىدراكتىن توختاپ قېلىشى، تۆتىنچىدىن، ئىقتىسادىي يوقسىزلىق پەيدا قىلغان ۋەھىم-ئەندىشە روھىي بېسىمنى كۈچەيتىپ، مەردانىلىق، ئىرادە ۋە ئىشەنچنى خىرەلەشتۈرىۋەتتى. شەرقتە تارىم ۋادىسىدا مىڭ يىل مۇقەددەم يارىتىلغان ھاياتلىق ھېكمەتلىرى ئۆزى ياراتقان تۇپراقتا نۇر چېچىشقا مۇۋەپپەق بولالماي جاھالەت تۇمانلىرىدا ئۈچ ئەسىردىن ئارتۇق تۇنجۇقتى.                                                
(http://bbs.oylirim.cn)( f% e' H5 R+ C- e. Z- p! y+ r1 \5 x1 xكېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردە خوجا ئىشانلارنىڭ سوفىزمچىلىق ھەرىكىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ جاھىللىق، قاششاقلىق، يوقسۇزلۇق، تەركىدۇنياچىلىق ۋە چۈشكۈنلۈككە گىرىپتار قىلدى. خەلقىمىزنىڭ تەرەققىياتقا يۈزلىنىشىنى چەكلەپ ئېڭىنى بوغدى. مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تارقىتىشنى ۋاستە قىلغان ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەرىكىتى نەچچە ئەسىردىن بېرى ھالسىرىغان روھنى تىرىلدۈرۈپ، قاغجىراپ كەتكەن ئەقىل ئېتىزلىرىنى مەرىپەت كەۋسىرى بىلەن قايتا ياشنىتىپ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە يول ئاچتى.                                                   
(http://bbs.oylirim.cn)  q1 E$ O5 u- y0 |# o/ ~5 a«بىر خەلقنىڭ ئەل قاتارى ياشاپ تۇرۇشى ئۈچۈن باشقىلار بىلگەننى بىلىپ، باشقىلار ئوقۇغاننى ئوقۇشى لازىم. ئەگەر بۇ يەردە ئوقۇغان ئىككى تۈرلۈك خەلقنىڭ بىرى بىلىملىك بولۇپ، يەنە بىرى بىلىمسىز بولسا، ئۇ چاغدا بىلىمسىز بولغىنى بوزەكلىككە مەھكۇم بولغۇسى چوقۇم. بۇنىڭغا مىسال لازىم بولسا يىراق بارماي ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتەتتىم» دېگەنىدى ئۇيغۇرلار مائارىپچىسى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوپ. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان زىيالىيلىرى بىر قولىدا ئەلەم تۇتۇپ، ھەققانىيەت ۋە ھوقۇق ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. ئابدۇقادىر ئابدۇلۋارىس قەشقەرى «ئاقائىد زۆرۈرىيە» («زۆرۈر قائىدىلەر») ناملىق ئەسىرىدە مىللەتنىڭ خارلىقتا قېلىشىنىڭ سەۋەبى جاھىللىق ۋە نادانلىق، يەنە بىرى «تەپرىق ۋە ئىختىلاپ» ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن بولسا،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «قىزىلكۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق، قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا، تۈرلۈك-تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر»—دەپ شىكايەت قىلغانىدى. ھەر بىر دەۋر ئۆزىگە كېرەكلىك قەھرىمانلارنى يارىتىدۇ. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى مەدەنىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئۇلۇغ زاتلارنى سەھنىگە چىقاردى. ئۇلار مىللەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشى، بەخت-سائادىتى ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئۆز ھاياتىنى ئايىمىغان يەردە بىز نېمىنى كۆزلەۋاتىمىز؟ خېلى ۋاقىتتىن بېرى ئۆزىمىز ھەققىدە روھلىنىپ مۇنازىرە قىلىۋاتقان بولساقمۇ، ئارىمىزدىكى خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ تىلىدا سۆزلىگىنى بىلەن ھەرىكىتى ئوخشاش بولمىدى. مۇبادا زاماندىن كېيىن قالماسلىق، ئاز-تولا شان-شۆھرەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن سۆزلەپ ياكى يېزىپ قويۇش بۈگۈنكى بىر قىسىم «زىيالىيلار»نىڭ «مودىسى» بولىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزگەرتىش، قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرە نېمىگە ئەرزىسۇن؟                    (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تارىخىمىزدىكى ئىجتىمائىي تىراگىدىيىلەرنىڭ مەنبەسىدىن قارىغاندا مەلۇم نۇقتىدىن بىز ئەركىن پاك ھېسسىياتىمىزنى ساختا، خۇنۇك نەرسىلەرگە ئارىلاشتۇرىۋېتىپلا قالماي، تار رامكىلارغا كىرىۋېلىپ قۇللۇق روھىنى ئۆزىمىزگە زورلاپ تاڭدۇق. ھامان باشقىلارغا باھا بېرىپ، ئۆزىمىزگە نەزەر سالمىدۇق. باشقىلارنى باھالاشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىمىزنى سىرتتا قالدۇردۇق. كىملەرگىدۇر ئۇنۋان بېرىش ياكى «سېسىتىش» ئۈچۈن پىتنە-پاسات ۋە بۆھتان توقۇش بىلەن ئاۋارە بولدۇق. ساختا مۇناسىۋەت، مەنمەنچىلىك، مەزھەپ-يۇرتۋازلىق، پىتنە-ئىغۋا، ھىيلە-نەيرەڭ بازار تېپىپ پاراسەت ۋە پەزىلەت ئەھلىلىرى چەتكە قېقىلدى. شەخسىيىتىمىزدىكى ئىللەتلەر تۈزەلمىگەچكە، قانچىلىك دەبدەبىلىك گەپ ساتساقمۇ ئەلنىڭ قەلبىگە ئورناشمىدى. ھەر بىر شەخس ياكى مىللەت ئۈچۈن تارىخىي بۇرۇلۇش ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسەت كۆپ ئەمەس، ئۇ پەقەت بۇ پۇرسەتنى بايقاپ قولىدا چىڭ تۇتقۇچىلارغا مەنسۇپ بولىدۇ. رېئاللىق بىزگە بۇ پۇرسەتنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقىنىدىن خۇشخەۋەر بېرىش بىلەن بىللە زور مەجبۇرىيەتنى يۈكلىمەكتە.                                    (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
3. مۇقەددەس بۇرچ—جەمئىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تارىم مەدەنىيىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشى—مىللەت ۋۇجۇدىدا تارىخىي يوسۇندا شەكىللەنگەن يوشۇرۇن كۈچنىڭ پارتلىشىدىن ئىبارەت. بىز داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش ئىچىدىكى جەمئىيەتتە ياشىماقتىمىز. بۈگۈن بىزنىڭ ئۆز روھىمىز، ئېتىقادىمىزنى ئىزدەپ تاپىدىغان دەۋر. بۇنىڭدىن 20-30 يىللار ئىلگىرى خەلقىمىزنىڭ چۈشەنچىسى، ھەۋىسى، ئىددىيىسى بۈگۈنكىگە زور دەرىجىدە ئوخشىمايدۇ. بۇ پەرقنى دۆلەتنىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيىتى بىلەن مىللىي ئىقتىسادىي گەۋدىمىزدىكى ئاجىزلىقنىڭ جەمئىيەتكە ئېلىپ كەلگەن تەسىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۆتكەن 100 يىلدىن بېرى سىياسىي، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە مەدەنىيەت ئاقارتىش ئارقىلىق مەدەنىيىتىمىزنى بىر قەدەر يۇقىرى تەرەققىيات دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن بولساقمۇ، قۇرۇق خىيالدىن قۇتۇلالماسلىق، تەرتىپسىز تۇرمۇش، ئىستىخىيىلىك ئىقتىساد ئېڭى، ئۆزىنى كەمسىتىش، شەپقەتنى ئۇنتۇش، ئېتىقادسىزلىق قاتارلىق ئامىللار خۇددى ئۆمۈچۈك تورىغا ئوخشاش قورشىۋالدى. نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئاتا-بوۋىلار گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىغانىدى. بىز بۇ روھنى مەدھىيلىيەلمىدۇق، قەدىرلىيەلمىدۇق ۋە ئۇنى نۇر چاچقۇزمىدۇق. بىز مېھنەت ۋە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدۇق. بۈگۈنكى مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدا جىنايەت، زەھەرلىك چېكىملىك، بۇزۇقچىلىق، پىتنە-پاسات، تۆھمەت- سۈيقەست، ئاداۋەت- نارازىلىق، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك خۇددى ئەجەللىك ۋابا مىكروپلىرىدەك يامراپ كەتتى. ھۆكۈمەت، سىياسەت قانۇن ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىي مىزانلىرى ئۇنى ئۈنۈملۈك چەكلەپ ساقايتالمايۋاتىدۇ. مەدەنىيەت سەھنىسىدە ھەقىقەتنىڭ تارازىسىنى كۆتۈرىۋالغان بىر قىسىم ساختا «ئالىيجاناپ» ئەربابلار رېئاللىقتىكى بۇ زىددىيەتلىك مەسلىلەرنى ماھىيەت جەھەتتىن تونۇپ ئۆزگەرتىش ئورنىغا، سىرتقى كۆرۈنىشىگىلا قاراپ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ ئۆزلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا دەستەك قىلماقتا. نەتىجىدە بىزنىڭ تۇرمۇش، ئېتىقاد ۋە ئەخلاق قائىدىلىرىمىزنى مەسخىرىلىك كۈلكە قاپلىدى. كىشىلەر كۆڭلىدىكى سىقىلىش، تەخىرسىزلىنىش، ھودۇقۇش ۋە شەخسىيەتچىلىك ئەۋج ئېلىپ، ھاياتلىق ماكانى تارلىشىپ قىستاڭچىلىق ۋە خەسىسلىككە يۈزلەندى. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۈشكۈللۈك، خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلار ئارىلىشىپ كەتكەن يېڭى ئەسىردە ئۇيغۇرلار پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىپ تۇرمۇشنى ياخشىلاشقا، تارىم مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر ئالتۇن دەۋرىنى يارىتىشقا تەقەززا. شۇڭا كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىشقا تۈرتكە قىلىپ ئومۇمىي مەسئۇلىيەت ئىرادىسىنى تىكلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ مەنىۋى ئىسلاھات ئالدى بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىمىز ھەققىدىكى ئويلىنىش بولۇشى كېرەك.                           
(http://bbs.oylirim.cn): t- p+ r9 h4 i% gتارىم مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق يېڭى دەۋرى—ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ماددىي-مەنىۋى جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىپ، تۈزەش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنى ۋە كېلەچىكىگە ئەڭ گۈزەل ئىستىقبال بېغىشلايدۇ. ھازىر چوڭ شەھەردىن پەقەت يېزا-سەھرالارغىچە بىر قىسىم جەمئىيەت ئاھالىسى ئىچىدە نامراتلىق، ساۋاتسىزلىق، يوقسۇزلۇق ھۆكۈم سۈرمەكتە. كىشىلەر چىرايىدا مىسكىنلىك ھەم ئۈمۈدسىزلىك قايغۇسى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن زاۋۇت-كارخانا ئىشچىلىرىغىچە، مەدەنىيەت-مائارىپ تارماقلىرىدىن سودا-قاتناش ساھەلىرىگىچە دۇچ كېلىۋاتقان ئىش ھەققى، مال-مۈلۈك، پاراۋانلىق، ئۆي تۇرالغۇ، پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسلىلەرمۇ ئىقتىسادىي بېسىمنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. ئۈمۈدلىك، سەزگۈر، ئەقىللىق، ئەمما ئوقۇشتىن قالغان بالىلار ئالدىمىزدا ھەر قەدەمدە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، پۇل تېپىپ بېيىغان، ئېسىل ماشىنا، ھەشەمەتلىك ئايۋان-ساراي، گۈزەل نازىنىنلار قۇچىقىدا شان-شۆھرەت دەۋرانى سۈرىۋاتقان بىر قىسىم بايلار، سودىگەرلەر بۇنى ئېنىق كۆرۈپ ۋە ھېس قىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇلارغا ياردەم قىلغۇسى كەلمەيدۇ. پۇل ۋە چىرىك مۇناسىۋەت ئىقتىدارسىز ھاماقەتلەر بىلەن ئىلىمسىز تەلۋىلەرنى شەرەپ مۇنبىرىگە چىقىرىپ، ئەكسىچە ياراملىق ۋىجدان ئەھلىلىرىنى پۇرسەتتىن مەھرۇم قىلدى. مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىلىك مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈشتە ئۇلارنىڭ ئېتىقاد، جاسارىتى، ئەقلىي، ئىرادىسى، ئازاپ ۋە ئۆلۈم ئېڭى ۋە مىللىي روھى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بۇ ئاڭ ھەربىر شەخس ۋۇجۇدىغا مۇستەھكەم ئورناشقاندىلا نادانلىق ۋە ئەقىلسىزلىقتىن بۆسۈپ چىقىدىغان قارا نىيەتلىك، ساختا شۆھرەتپەرەسلىك، مەزھەپچىلىك، مەنمەنچىلىك، ھاكاۋۇرلۇق، ئۆز-ئارا ئاداۋەت يوقىتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق، مېھىر-شەپقەت، ساپ دىللىق، سەمىمىيلىك، دوستانىلىق ئىگىلەيدۇ. پاراسەت ۋە ھېكمەت يولى كەڭ ئېچىلىدۇ. نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پاكىستانلىق دوكتۇر ئابدۇسالام كۇۋەيت ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا ياشلارغا مۇراجىئەت قىلىپ: «بىز تارىختىكىدەك ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلەمدۇق-يوق؟ مەن سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى كۆرسىتىمەنكى، ئەگەر پۈتكۈل جەمئىيەت، بولۇپمۇ ياشلىرىمىز ئەنە شۇنداق ئۈمۈدلىك نىشاننى كۆزلەيدىغان بولساقلا يېتەلىشىمىز مۇمكىن، ئۆزىمىزنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى ھەم باشقا مىللەتلەرنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا شۇنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەككى، ئىلىم-پەندە ئاسان يول يوق. بۈگۈنكى شارائىتتا بىر دۆلەتنىڭ ياشلىرى مۇشۇنداق نىشانغا قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلىشى ھەمدە دۆلەت ئۇلارغا مەدەت بېرىشى كېرەك» دەپ ئېيتقانىدى.      
(http://bbs.oylirim.cn)9 f# x6 G* X+ C; D% Eمېنىڭچە، بۈگۈنكى ئۇچۇر، ئىلىم-پەن، سانائەت دۇنياسىدا كۈچلۈك رىقابەت ۋە خىرىسقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار سىياسىي، ئىجتىمائى ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى، مەدەنىيەت تەپەككۇرىنىڭ ئازادلىقى، مىللىي ئىگىلىك ھەم مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆرەلىشى، ئۇنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى يارىتىشى ۋە قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تارىخ ۋە كەلگۈسىگە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن قارىيالايدىغان مىللىي روھ پىرىنسىپى ئاساسىدىكى ئىزدىنىش تەدبىرىگە موھتاجمىز.            
(http://bbs.oylirim.cn): s$ M$ }( i6 s/ G2 ]  }7 d- zبۈگۈنكى دۇنيادا ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەتكە تارىخىي ۋارىسلىق قىلىش بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنى بىرلەشتۈرۈش جەريانىدا شەكىللەنگەن كونا تەپەككۇر، كونا شەكىل بىلەن يېڭىچە تەپەككۇر فورمىسىنىڭ ئىتتىرىشى، تارتىشىش، ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت ئېڭىدىكى ياتلىشىش ھەمدە يېڭىچە خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىدىن بارغانچە تېزلەشمەكتە.                                 
(http://bbs.oylirim.cn)" t5 ~& G6 t0 [يېڭى ئەسىرنىڭ بۇرۇلۇش پەيتىدە غەربنى ئېچىش ھەرىكىتىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، تارىم ۋادىسى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەر تېخنىكا ۋە ئىقتىساد ساھەسىنىڭ قىززىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. مىڭ يىللار جىمجىت ياتقان بۇ جاي زاۋۇت قۇرغۇچىلار، كان ئەترەتلىرى ۋە بايلىق ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قىقاس چۇقانلىرىغا تولدى. بۇ چۇقان تەكلىماكاننى تىنچ ئۇيقۇدىن ئويغاتتىلا ئەمەس، تارىملىقلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان 100 يىلغا سوزۇلغان ئىقتىسادىي رىقابەتتىن ۋە خىرىستىن بەلگە بەردى. شىنجاڭدىكى ئىچكى ئۆلكىلەر ۋە غەربىي ئاسىياغىچە تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول، تاشيول قاتنىشى ھەم ھاۋا لىنىيەلىرى تۇتاشتۇرۇلۇپ، شەرققە كەڭ ئېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، سودا-ئىقتىسادتا ئۇيغۇرلار ئۆز ئوبرازىنى تېخى نامايان قىلالمىدى. شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ قاتنىشى بىلەن ئىچكىرىدىكى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زاۋۇت كارخانىلىرى شىنجاڭ ئارقىلىق سودىسىنى ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىياغا كېڭەيتتى. ھالبۇكى، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مىللىي سودا كارخانىلىرى بۇ پۇرسەتتىن يېتەرلىك پايدىلىنىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلمىدى. داقا-دۇمباق، ناغرا-سۇنايلارنى چېلىپ، جەنۇبقا كەلگەن پويىز گۈدۈكىنى تەنتەنە قىلىۋاتقاندا شۇنىمۇ تونۇش كېرەككى، ئۇ پۈتكۈل جەنۇبنىڭ ئىقتىسادتىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كېلىدىغان جىددىيلىك، قىستاڭچىلىقتىن بىشارەت بېرىپلا قالماي، ئۇلارنى بىر ئەسىر سوزۇلىدىغان مەدەنىيەت جېڭىگە سۆرەپ كىرىدۇ. شۇڭا بۈگۈن بىز مىللەتتىن رىقابەتكە بەرداشلىق بېرىدىغان كۈچ قۇدرەتكە ئىگە قىلىدىغان، مېھنەتكە يارىشا قىممەتكە ئېرىشىدىغان، ئەركىن مۇنازىرە ۋە تاللاش ئاساسىدا مۇۋەپپەقىيەت يولى تاپىدىغان، يېڭىچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىنى تېپىشقا موھتاج. شۇ چاغدىلا رايون خاراكتېرلىك ئىقتىساد-سودا رىقابىتىدىكى ئاجىزلىقنى تۈگىتىپ، مىللىي سودا ئىگىلىكى چەمبىرىكىنى بەرپا قىلالايمىز. شۇ چاغدىلا ئىقتىسادىي گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى خەلقىمىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، خۇسۇسىي، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى مىللىي كارخانا ۋە سودا سېستىمىسىنى بەرپا قىلالايمىز. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەر بىر كىشى تىرىشچانلىق بىلەن قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىكى مائارىپ ۋە تەلەم-تەربىيىنى تاماملىشى كېرەك.            (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مىللىي ئىقتىساد سېستىمىسىنىڭ شەكىللىنىشى— مىللىي مائارىپ ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى. مىللىي مائارىپ ۋە مەدەنىيەتنىڭ يۈكسىلىشى بولسا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى. بىر رايون پەقەت مائارىپ ۋە يۇقىرى تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىگە ئىگە بولغاندىلا يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە رايون بولالايدۇ.  بىر ئادەم ئەگەر مەلۇم غايىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن قايغۇرسا، ياكى ھەقىقەت مەيدانىدا تۇرغاندا ئۇ بىر خىل ئۈمۈد بىلەن ھېسسىياتلانغان بولىدۇ. مۇنداق ئۈمۈدۋارلىققا تولغان كىشىلەر ئۆز-ئارا بىرلەشسە، ئۇ چاغدا غايەت زور يېڭىلمەس كۈچنى ھاسىل قىلىدۇ. شەكسىزكى بۇ كۈچ ھەر قانداق بېسىم ۋە توسالغۇنىمۇ يېمىرىپ تاشلىيالايدۇ.                            (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قەدىم يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ تارىختىكىدەك قايتا گۈللىنىش دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. خەلقىمىز بۇ پارلاق يېڭى دەۋرىنى ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋى ئېڭى ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىسلاھات تەرەققىيات نەتىجىلىرىدە قۇتلۇقلايدۇ، تەنتەنە قىلىدۇ.   
(http://bbs.oylirim.cn)3 A+ g/ W4 ^, f$ F( Dتارىم مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى ئەسىردىكى پارلاق گۈللىنىش دەۋرى—تارىخنىڭ تاللىشى. ئۇ مۇشۇ قەدىم تۇپراققا بولغان پاك روھىمىز ۋە مۇقەددەس بۇرچ بىلەن بىرلىشىپ، بىزنى پارلاق يېڭى دەۋرگە باشلاپ كىرىدۇ.                        
(http://bbs.oylirim.cn)$ V- Y. ?; R4 U2 v* |/ l                                             2000-يىل يانۋار (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
  («قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(ئاپتور: شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى) (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 09:26 , Processed in 0.768622 second(s), 43 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش