• 11خىل ساغلام غىزالىنىش ئۇسۇلى - [ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش]

    2012-08-12

    11خىل ساغلام غىزالىنىش ئۇسۇلى
    1. كۆپخىل غىزالىنىش؛ كوپخىل يېمەكلىكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلايدىغان موھىم ھالقا بولۇپ، ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىسىنى قوبۇل قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن 10-15 خىل يېمەكلىكتىن باشلاش كېرەك.
    2. ئاستا غىزالىنىش؛ بىر لوقما تائامنى 30 قېتىم چايناش، ئىبر قېتىملىق تاماقنى يېرىم سائەت يىگەندە، «مېڭىگە، ئوزۇقلىنىشقا، چىراي گۈزەللەشتۈرۈشكە، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش»قا پايدىلىق.
    3. گۆشسىز غىزالىنىش؛ بۇنىڭ مەنىسى «ئاساسىي يېمەكلىك گۆشسىز بولۇش» دىگەنلىك، پەقەت گۆش يېمەسلىك دىگەنلىك ئەمەس. بۇمۇ ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدىكى ئورگانىزىملار بەلگىلىگەن غىزالىنىش شەكلى، گۆشسىز غىزالىنىش مەدەنىي كسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى موھىم تەدبىر.
    4. بالدۇر غىزالىنىش؛ ئۈچ ۋاق تاماقنى بالدۇر يېيىش، ئەتتىگەنلىك تاماقنى بالدۇر يېيىش بولسا «ئەقلىنى ئېچىش»نىڭ ئاچقۇچى. كەچلىك تاماقنى بالدۇر يېگەندىمۇ ئون خىلدىن كۆپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
    5. تۇزسىز غىزالىنىش؛ بۇ تۇزنى، ياغنى، قەنتنىئاز ئىستىمال قىلىش دىگەن مەنىدە بولۇپ، ئىسمىدىنلا چۈشۈنىۋالغىلى بولىدۇ.
    6. سوغۇق غىزالىنىش؛ يېمەكلىكلەرنى قىزىق يېيىش قىزىل ئۆڭگەچكە زىيانلىق. سوغۇقراق غىزالانغاندا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق.
    7. يېڭى-يېڭى غىزالىنىش؛ مۇتلەق كۆپ ساندىكى يېمەكلىكلەر يېڭى بولغاندىلا «ئوزۇقلۇق ماددىسى»نى ساقلاپ قالىدۇ. شۇڭا يېڭى- يېڭى .ئىشلىتىش، يېڭى- يېڭى غىزالىنىش، ئاشقاننى يېمەسلىك تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
    8. پاكىز غىزالىنىش؛ «پاكىز» دىگەنلىك چاڭ- توزاڭسىز، مىكروبسىز، شۇنداقلا بۇلغانمىغان يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
    9. خام غىزالىنىش؛ بۇ ھەرگىزمۇ ھەممىنى خام يېيىش دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى خام يېيىشكە بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر خام يېيىش كېرەك.
    10. قەرەللىك غىزالىنىش؛ ۋاقتى- قەرەلىدە غىزالىنىش، بۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش، بۇ ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تەلىپى.
    11. ئاز- ئازدىن غىزالىنىش: 21- ئەسىردە غىزالىنىش بىر كۈندە بەش- ئالتە قېتىم غىزالىنىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۈچ ۋاق تاماقتىن سىرت، ئاز غىزالىنىش( چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا، چۈشتىن كىيىن سائەت تۆتتە، كەچتە سائەت سەككىزدە) بولۇپ، بۇ ئاز يەپ پات- پات غىزالىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ پايدىسى كۆپ، بۇ ئادەتتە ئېيتىلىدىغان قوشۇمچە غىزالىنىشتىن پەرقلىنىدۇ. قوشۇمچە غىشالىنىش بولسا ۋاقىت، مىقدارى بولمىغان ئۇقۇم بولۇپ، ئاساسلىق غىزالىنىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

                               

    ماتىريالدىن

    分享到:
    خەتكۈچ: