• بىن لادېن نېمە سەۋەبتىن ئەڭ كاتتا تېررورچىغا ئايلىنىپ قالغان - [تارىخ ۋە تارىخى شەخسلەر]

    2012-06-27

    بىن لادېن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىگە قاتناشقان. بۇ تەشكىلات 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلاتتى. بۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى ئەسلەپ: جاھىللىقىدىن ئەقلىدىن ئادىشاي دېگەنلەرلا بۇ جەمئىيەتكە قاتنىشاتتى، دېدى. قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ئاساسەن بىن لادېنغا ئوخشاش دىنغا چىن ئېتىقاد قىلىدىغان ئون نەچچە ياشلىق ئۆسمۈرلەر ئىدى. ئۇلار بەزىدە بىرلىكتە مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلاتتى ياكى دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ، كىشىلەرنى ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلاتتى. بىن لادېننىڭ دوستى جامال قەشۇج: بىز نەدىلا بولمىسۇن بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلاتتۇق. مەنمۇ شۇ چاغدا قېرىنداشلار جەمئىيىتىگە قاتناشقان. بىز تۇنجى ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلسا، ئىككىنچى ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، مۇشۇنداق زەنجىرسىمان ئۈنۈمنىڭ ئىنسانلار تارىخىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق، دېدى. 
      بىن لادېن 1976-يىلى جىددەدىكى ئابدۇللا ئەزىز پادىشاھلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. ئۇ ئىقتىساد ئۆگەنگەن بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتناشتى. كېيىن ئۇ: مەن مەكتەپتە دىنىي خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى قۇردۇم ھەم كۆپچىلىكنى ۋاقىت چىقىرىپ، «قۇرئان» ۋە غازاتنى تەپسىر قىلىشقا تەشكىللىگەنىدىم، دېدى.
        ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرگەن تۇنجى يىلى قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ يەنە بىر ئەزاسى، كېيىنكى يېقىن دوستى مۇھەممەد جامال خەلىفە بىلەن تونۇشتى. خەلىفە بىن لادېندىن بىر ياش چوڭ بولۇپ، چىقىشقاق، كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان كىشى ئىدى. خەلىفە نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، پەيغەمبەرنىڭ پۇشتى ئىدى، شۇڭا ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا سەل ئوخشىمايدىغان يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە ئىدى. ئۇ بىن لادېن بىلەن بىللە پۇتبول ئوينايتتى. بىن لادېننىڭ بويى ئېگىز، ھەرىكىتى تېز بولغانلىقتىن دائىم ھۇجۇمچى بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ياش ئايرىلماس دوستلاردىن بولۇپ قالغان.
      ئۇلار ھەپتە ئاخىرلىرىدا جىددە بىلەن مەككە ئوتتۇرىسىدىكى قۇملۇققا باراتتى، ئادەتتە بىن لادېن ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا قونۇپ قالاتتى. بىن لادېن بەدەۋىلەرنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئولتۇرۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ يەرگە ئاشخانا ۋە تازىلىق ئۆيى بار بىر كىچىك ئۆي سالدۇرۇپ، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇراتتى. ئۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا قوي ۋە ئات باقاتتى. ياز كۈنلىرى دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئايىغىنى سېلىۋېتىپ، قۇملۇقتا يالاڭئاياغ يۈرەتتى.
      خەلىفە: بىن لادېن بەك جاھىل ئىدى. بىر قېتىم بىز قۇملۇقتا ئات چاپتۇرۇۋاتاتتۇق. مەن ئالدى تەرەپتە يۇمشاق قۇم بارلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: خەتەرلىك ئىكەن، ئايلىنىپ ئۆتەيلى، دېسەم، ئۇ گېپىمنى ئاڭلىماي، ئاتنى داۋاملىق ئالدىغا چاپتۇرۇپ، ئات بىلەن تەڭ يىقىلىپ چۈشۈپ، كۈلۈپ قويۇپ ئورنىدىن تۇردى. يەنە بىر قېتىم بىز جىپ ھەيدەپ كېتىۋاتاتتۇق، ئۇ قۇملۇقتا قۇم بارخانلىرىنى كۆرۈپ ئارقىسىدا نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جىپنى شۇ تەرەپكە ھەيدەپ ئۇنىڭدىن ئارتىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. بىز بىر نەچچە قېتىم خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدۇق، دېدى.
      ئۇلارغا نىسبەتەن، بۇ روھىي جەھەتتىكى گاڭگىراپ يۈرگەن مەزگىل ئىدى. خەلىفە: ئىسلام دىنى باشقا ھەرقانداق دىنغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى. بىز ئىسلام دىنىدا قانداق ئوزۇقلىنىش، قانداق خوتۇن ئېلىش، قانداق سۆزلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەردە قانداق تەلىم بېرىلىدىغانلىقىنى بىلمەكچى ئىدۇق. بىز سەئىد قۇتبىنىڭ كىتابىنى ئوقۇدۇق. چۈنكى ئۇ مۇشۇ بىر ئەۋلادقا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن كىشى ئىدى، دېدى. ئەزىز پادىشاھلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇرغۇن پىروفېسسور مىسىر ۋە سۇرىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ئىدى. ئۇلارمۇ بۇ مەكتەپكە كەلگەندە ئىسلام دىنىنىڭ يۈكسەك سىياسىيلاشقان ئىدىيەسىنى ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ كۆز قاراشتا دۆلەت بىلەن دىن بىر گەۋدە قىلىنىپ، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، نوقۇل ئىلاھىيەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلگەن. بۇ پىروفېسسورلار بىن لادېن بىلەن خەلىفەنى ئۆزلىرىگە جەلپ قىلىۋالغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئالىملارنىڭكىدىنمۇ ئوچۇق ئىدى. ئۇلار قۇتبىنىڭ «ئابىدە» ۋە «<قۇرئان‎‎>نىڭ ھىممىتىدە» قاتارلىق كىتابلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئارىيەتكە بەرگەن، بۇ كىتابلار ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتگەن. شېھىت قۇتبىنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد قۇتبى ھەر ھەپتە مەكتەپكە كېلىپ دەرس ئۆتەتتى. بىن لادېن قۇتبىنىڭ دەرسىنى رەسمىي ئاڭلاپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن دائىم ئۇنىڭ لېكسىيەلىرىنى ئاڭلايتتى. قۇتبى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇلار بۇ ئۇستازىنىڭ ناسىر تۈرمىسىدە قىينالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئىنتايىن سالماق ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
       ئەينى چاغدا، مۇھەممەد قۇتبى ئاكىسىنىڭ نام-شۆھرىتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ساقلىغان بولسىمۇ، بۇ شېھىت ھازىرقى زامان ئىسلامىزمچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇلار: «ئابىدە» ناملىق كىتابتا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن، تېخىمۇ زوراۋانلىق قىلىدىغان بىر توپ رادىكاللار ھوقۇققا ئېرىشتۈرۈلگەن، بولۇپمۇ مىسىردا ئۇلار سەئىد قۇتبىنىڭ ئەسىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئاقلاپ، ئۆزلىرى يولدىن چىققان دەپ قارىغان بارلىق كىشىگە، باشقا مۇسۇلمانلارغىمۇ ھۇجۇم قىلدى، دەپ قارىدى. ئەينى چاغدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ ئالىي يېتەكچىسى ھەسەن خۇدابى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان. ئۇ تۈرمىدە يازغان «دىن تارقاتقۇچىلار قازى ئەمەس» دېگەن كىتابىدا قۇتبىنىڭ مالىمانچىلىققا كۈشكۈرتۈش سۆزلىرىگە رەددىيە بەرگەن. خۇدابىنىڭ ئىلاھىيەت نۇقتىئىنەزەرىدە نەسەبچىلىك ئامىللىرى كۆپ بولۇپ، ئۇ: ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان باشقا بىر مۇسۇلماننىڭ ئېتىقادىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. ئۇ پەقەت «بىر ئاللادىن باشقا خۇدا يوق، ئاللا بىر، مۇھەممەد ئاللانىڭ ئەلچىسى» دەپ ئۆز ئېتىقادىنى ئىسپاتلىسىلا بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇرۇن قۇتبى بىلەن خۇدابىنىڭ مىسىر تۈرمىسىدىكى بەس-مۇنازىرىسى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا تېز تارقالغان؛ ياش مۇسۇلمانلارمۇ «كىم مۇسۇلمان، كىم مۇسۇلمان ئەمەس» تېمىسىدىكى بەس-مۇنازىرىدە ئۆز مەيدانلىرىدا تۇرغان. خەلىفە ئەسلەپ: بىن لادېن 1978-يىلى خۇدابىنىڭ كىتابىنى ئوقۇغان، بىز يەنە بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلەشكەن. ئۇ خۇدابىنىڭ قارىشىنى پۈتۈنلەي ئالقىشلايتتى، دېدى. بىراق، ئۇنىڭ قارىشىدا تېز ئۆزگىرىش بولغان، يەنى خۇدابىنىڭ كەڭ قۇرساق، ئېتىراپ قىلىدىغان ئىسلام ئىدىيەسىدىن قۇتبىنىڭ تار ھەم تەنقىدچىلىك قارىشىغا بۇرۇلۇشىدەك تۈپ ئۆزگىرىش تېررورلۇق دەرۋازىسىنى ئاچقان

    مەنبە:نۇر تورى. 

    分享到:
    خەتكۈچ: