ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1263|ئىنكاس: 39
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

گېتلىر تەرجىمىھالى - جون تولان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

جون تولاند
(ئامېرىكا)

ئادولف ھىتلېر
Adolf Hitler
سەرگۈزەشتىلىرى

بىرىنچى كىتاب


ئا. ئابدۇلھەق بوران تەرجىمىسى



ئۈرۈمچى
2015


مۇندەرىجە

بىرىنچى كىتاب
ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى
ئاپتوردىن     
مۇقەددىمە «دۈمبىمىزدىن  پىچاقلاندۇق»      
بىرىنچى بۆلۈم  «مەن بىر خىيالپەرەس»
1.  ئائىلە جەمەتى      
2. «تۇرمۇش مېنىڭ مەكتىبىم»        
3.  خۇشاللىقتىن يايراپ كېتىش      
ئىككىنچى بۆلۈم  بىخلىنىش دەۋرى
4.  بىر سىياسىي پارتىيىنىڭ دۇنياغا كېلىشى      
5.  «رەھىمسىز ھەم مېھرىبان»     
6.  پىۋىخانا ئىسيانى      
ئۈچىنچى بۆلۈم  تاۋلىنىپ يېتىلىش  
7.  لاندسبېرگ تۈرمىسىدە      
8.  ھىتلېرنىڭ مەخپىي كىتابى      
9. تۇغقىنىڭ ئۆلۈمى     

ئىككىنچى كىتاب
تەختكە چىقىش جەريانى
تۆتىنچى بۆلۈم  قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەر ئىنقىلابى
10. «ئوڭۇممۇ-چۈشۈم؟»     
11.  ئېزىپ كېتىش      
12.  ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب     
13. جاسارەتنىڭ زەپىرى      
بەشىنچى بۆلۈم  ئىككى يۈزلىمە ئۇرۇش  
14. جۆيلۈپ قىلىنغان قەسەم      
15. ئىنسان نېمە دېگەن ئاجىز مەخلۇق     
16. يۇرتىغا قايتىش      
17. تىغ ئۈستىدە     

ئۈچىنچى كىتاب
جاھان ئۇرۇشى قوزغاش جەريانى
ئالتىنچى بۆلۈم  خەتەرلىك يۈرۈش
18. چاقچۇق كېچىسى      
19. تۈلكە بىلەن ئېيىق  
20. تەڭداشسىز ئاپەت
يەتتىنچى بۆلۈم  قوراللىق قىمار  
21. غەربى سەپتىكى غالىبىيەت  
22. غالىبلارمۇ غەلىبىدىن ئۇجۇقۇپ ۋەيران بولىشى مۇمكىن   
23. دۇنيا نەپىسىنى تۇتماقتا   
24. قاراڭغۇلۇققا قاراپ يۈرۈش قىلىش  

تۆتىنچى كىتاب
زاۋاللىققا قاراپ يۈرۈش جەريانى
سەككىزىنچى بۆلۈم  تۆتىنچى چەۋەنداز
25. جەھەننەم سايىسى  
26. يېڭى جەمەتى بىلەن بىرلىكتە   
27. رەھىمسىز ھەمرا   
توققۇزىنچى بۆلۈم  پاتقاققا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىش
28.  قۇرۇقلۇق ئارمىيە سۈيىقەستى   
29.  ئاخىرقى قېتىملىق قايتارما ھۇجۇم   
30. «تۈن يېرىمىدىن بۇرۇن تەسلىم بولمايمەن»   
31. تۈن يېرىمىدىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ۋىدالىشىش   
خاتىمە   
ھەربىي ئۈنۋان سېلىشتۇرمىسى
قوشۇمچە:
1. ئاپتور ھەققىدە   
2. ئىئان كېرشاۋنىڭ «ھىتلېر» بىئوگرافىيىسى توغرىسىدا …   
3. مارك مازوۋېرنىڭ «ھىتلېر ئىمپېرىيەسى ئىشغالىيىتىدىكى ياۋروپادا ناتسىستلار ھاكىمىيىتى» توغرىسىدا
4. ئاتالغۇلار

***

***

ئاپتوردىن
ئادولف ھىتلېرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ھامان، كىشىلەر بۇ ئادەمنى  يىگىرمىنچى ئەسىر تارىخىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئەڭ مەشھۇر كىشى دەپ تونۇشى مۇمكىن. دېمىسىمۇ، بۇ دەۋردە شۇنچە نۇرغۇن جاننىڭ بېشىغا چىققان، شۇنچە كۈچلۈك غەزەپ-نەپرەتنى پەيدا قىلىۋېتەلىگەن ئۇنىڭدەك يەنە بىرى كۆرۈلۈپ باقمىدى. ئەسلىدە بۇ ئادەم، دەسلىپىدە ئومۇمىي يۈزلۈك ھۆرمەتكە ئېرىشكەن، مىليونلارچە ئىنساننىڭ ئۈمىدى ۋە غايىسى ھالىغا كەلگەن بىر كىشى ئىدى. بۈگۈن ھىتلېر ئۆلۈپ ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، مەيلى ئۇنىڭ دوستلىرى ياكى دۈشمەنلىرى بولمىسۇن، ئۇنىڭغا بولغان قاراشلىرى تا بۈگۈنگىچە ئاساسەن ئۆزگەرمىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش باشقا داھىي كىشىلەردىن روزېۋېلت، چېرچىل، مۇسسولىن، ستالىن قاتارلىقلارغا بولغان قاراشلىرىمىزنى قايتا-قايتا ئۆزگەرتىپ نىسبەتەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھالغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن بولساقمۇ، بۇ جەرياندا ھىتلېرنىڭ ئوبرازىغا بولغان قاراشلار قىلچە ئۆزگەرمەي ئۆز پېتى قالدى. يەنى ئۇنىڭغا سادىق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىدا ئۇ بىر قەھرىمان، ئاخىرقى غالىبىيەتكە ئېرىشەلمىگەن ئۇلۇغ قۇتقازغۇچى ھېسابلانسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى ئۇچىغا چىققان ساراڭ، ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردە ئەڭ ھاماقەت، ئۆزگەرمەس قاتىل؛ قولغا كەلتۈرگەن بىر قىسىم ئۇتۇقلىرىمۇ پۈتۈنلەي جىنايەت يولىغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلار دەپ قاراشماقتا.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە ئوخشاش — مەنمۇ بىر مەزگىل ھىتلېرنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا ئۇچرىغان بىرى بولۇشۇمغا قارىماي ئۇنىڭ ھەققىدە كىتاب يېزىش جەريانىدا ئۆزۈمنىڭ ھېسسىياتلىرىنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بېسىۋېلىپ، ھىتلېرنى، مەن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەسىرلەر ئىلگىرى ياشىغان ئۆتمۈش تارىخقا ئائىد بىرسىگە ئوخشاش تارىخىي كىشىلىك دەپ تونۇپ پۈتۈنلەي بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ تەسۋىرلەشكە تىرىشتىم. مەن بۇ جەرياندا ھىتلېرنى ئەتراپلىق بىلىدىغان، ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغان ياكى ئۇنى كۆزگە ئىلماي پەس كۆرىدىغان بەكلا كۆپ كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتۈم. بۇ كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۇ پاجىئەلىك ئۆتمۈش كۈنلەر ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى قىلچە ئەنسىرىمەي قورقماستىن تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى. ئۆتمۈش يىللاردىكىدەك، ئۇنداق فۈھرېر (دۆلەت ياكى پارتىيە باشلىقى، داھىي — ئۇ. ت) دېيىلسىلا كۆز ئالدىغا شۇ قورقۇنچلۇق دەۋرلەر كېلىۋېلىپ بەدەنلىرى شۈركۈنۈپ گەپنى باشقا تەرەپكە بۇراپ دۇدۇقلاپ بىر نېمە دېيەلمەيدىغان روھى ھالەت بۈگۈن كەلمەسكە كەتتى. مەن ھىتلېرنىڭ ئاديۇتانتلىرىدىن پۇتكامېر، بېلوۋ، ئېنگېل، گۈنش، ۋۈنش ۋە شۇلز؛ كاتىپلىرىدىن تراۋدىل جيۇڭ، گېردا كرىستىئان؛ شوپۇرى كېمپكا، ئۇچقۇچىسى باۋۇر؛ دوختۇرلىرىدىن گېيسىڭ، ھاسسېلباك؛ يېقىن ئوفىتسېرلاردىن سكورزېنى، رۇدېل؛ ئۇنىڭغا يېقىن ئىنژېنېرلاردىن سپېر، گېيسلېر؛ بىرىنچى نومۇرلۇق ئاخباراتچىسى خانفىستايىنگىل؛ ھەربىي يېتەكچىلىرىدىن مانىستېيىن، مىلچ، دۆنىتز، مانتېۋفېل، ۋارلىمونت؛ ھەمدە ھىتلېر قاتتىق چوقۇنىدىغان ئاياللاردىن لېنى رېيفېنسىتاھىل، پروفېسسور تروست خانىمى، ھېلېنا خانفىستايىنگىل خانىم قاتارلىقلار بىلەن ئاز دېگەندىمۇ 250 قېتىمدەك كۆرۈشۈپ نەچچە ئون قېتىم ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئېلىۋالدىم. بۇ ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى ھازىر پارلامېنت كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. سۆھبەت ئىگىلىرى كۆرۈشۈش جەريانىدىكى سۆھبەتلەردىن بۇ كىتابقا كىرگۈزگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك بىر قۇر ئوقۇپ چىقتى. شۇنىڭدەك، ئۇلار بۇ كىتابتا ئۆزلىرىگە ئالاقىدار يازغانلىرىمغا تۈزىتىش بېرىپلا قالماي، نۇرغۇنلىغان پايدىلىق مەسلىھەتلەرنىمۇ بەردى.
مەن بۇ جەرياندا ھىتلېرنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ بېرەلەيدىغان بەكلا كۆپ ھۆججەت، دوكلات ۋە مەخسۇس تەتقىقات ماقالىلىرىدىن پايدىلاندىم: مەلۇم ئىستىخپاراتچىنىڭ ھىتلېرنىڭ سىڭلىسى پاۋلا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئا ق ش ئارمىيىسى قارشى جاسۇسلۇق بۆلۈم ئارخىپلىرى؛ 1918-يىلى ھىتلېرنىڭ روھى كېسەللىكى ھەققىدىكى مەخپى دوكلاتقا ئوخشايدىغان دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى ئېلان قىلمىغان ھۆججەتلىرى؛ ئەنگلىيە ھۆكۈمەت ئارخىپخانىسىدىكى ئېلان قىلىنمىغان ھۆججەتلەر؛ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان 1924~1925-يىللاردا گيۆرىڭ بىلەن نېگرېللى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا يېزىشقان خەتلىرى — بۇ خەتلەر ناتسىستلار بىلەن فاشىستلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە يېڭى پاكىتلار بىلەن تەمىنلىمەكتە؛ ھىملېرنىڭ مەخپى سۆزلىرى؛ ئېلان قىلىنمىغان كۈندىلىك خاتىرىلىرى، نەق مەيدان خاتىرىسى، ئەسلىمىلىرى، شۇنىڭدەك يەنە ھىتلېرنىڭ ئەڭ ياش كاتىپى گرىتراۋد تراۋدىل جيۇڭ ئەسلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەتلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ ئەسلىمىلەر نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.
مېنىڭ بۇ كىتابىم قانداقتۇر بىرەر كۆزقاراشنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان ئەسەر ئەمەس. ئەگەر بۇ كىتابىمدا ھەر قانداق بىر خۇلاسە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، بۇ تۈر خۇلاسىلەر ئاساسەن كىتاب يېزىلىش جەريانىدا ئۆزلۈكىدىن ئوتتۇرىغا چىققان خۇلاسىلەر بولۇپ، بۇ تۈردىكى خۇلاسىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەسەرنىڭ ئەڭ جەلىپ قىلارلىق تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ بەرگەنلا دېيەلىشىمىز مۇمكىن. ئالايلۇق: ھىتلېر، مەن ئويلىغاندىنمۇ مۇرەككەپ، بەكلا زىددىيەتلىك بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشىم بۇنىڭ تىپىك مىسالى. گراخام گرېن قەلىمى ئاستىدىكى بىر پېرسوناژنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى ئېسىمدە: “ئەڭ ئۇلۇغ غەلىتە كىشىلەر، ئەزەلدىن پەۋقۇلئاددە ۋەھشىيلىك قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە كىشىلەر بولۇپ، ئەڭ رەھىمسىز كىشىلەر بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ غەلىتە مىجەزلىك بولىدۇ.” چۈنكى، ھىتلېردەكلەر جەننەتتىن مەھرۇم بولغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن دوزاخ يولىنى تاللىۋېلىشقان. ئەسلىدە، ھىتلېرمۇ جەننەت بىلەن جەھەننەمنىڭ ياخشى-يامان پەرقىنى بىلىدىغان بىرى. ئۇ، يەھۇدىيلارنى ياۋروپا قىتئەسىدىن تولۇق تازىلىۋېتىمەن دەيدىغان ئارزۇسىنىڭ قىستىشى بىلەن ھەرىكەت قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنى يەنىلا ئەھلى سېلىپ چەۋەندازى، بىنورمال پەرىشتە؛ پرومېتيۇس بىلەن لۇسىفېرنىڭ ئارىلاشمىسىدىن پەيدا بولغان ئالۋاستى دېيەلىشىمىز مۇمكىن.   
                                                                                                                             — جون تولاند


بىرىنچى كىتاب
ئۆسۈپ يېتىلىش
جەريانى

مۇقەددىمە
“دۈمبىمىزدىن پىچاقلاندۇق”

1
1918 -يىلى ئۆكتەبىر ئېيى ئوتتۇرىلىرىدا، يارىدار ھەربىيلەر بىلەن لىق تولغان، ۋاگون يانلىرىغا ئىنقىلابى شوئارلار چاپلانغان ئۇزۇن ۋاگون چاتمىلىرىنى سۆرىگەن ئىككى پويىز قاتارى، گېرمانىيەنى غەربتىن توغرىسىغا بېسىپ ئۆتۈپ ئىمپېرىيىنىڭ شەرق چېگراسىدىكى بىخەتەر دەپ قارالغان رايونلارغا قاراپ ھارغىن پۇشۇلداپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ۋاگونلار تىزمىسىدىكى نەچچە يۈزلىگەن يارىدار ھەربىينىڭ كۆپ قىسمى تېخى يېڭىلا بېلگىيەدە يۈز بەرگەن زەھەرلىك گاز ئۇرۇشىدا زەھەرلىنىپ كۆزلىرى كۆرمەس ھالغا كەلگەن يارىدارلار ئىدى. يەنى، 13-ئۆكتەبىر ئاخشىمى برىتانىيە قوشۇنلىرى ئاۋۋال شىددەتلىك توپ-زەمبىرەك ھۇجۇمى قوزغاپ نېمىس ئالدىنقى سەپلىرىنى قاتتىق توپقا تۇتىدۇ. كەينىدىنلا زەھەرلىك گاز بومبىسى ئاتىدۇ. بۇ قېتىمقى توپ ھۇجۇمى، گېرمانىيە قوشۇنلىرى باشتىن ئۆتكۈزگەن ئۈچ ئايلىق ئۇرۇشتا تىز سۈرئەت بىلەن پەسكويغا چۈشۈرگەن بىر قاتار دەھشەتلىك ھۇجۇملار ئارىسىدىكى ئەڭ شىددەتلىك توپ ھۇجۇمى ئىدى. گەرچە نېمىس قوشۇنلىرى كەينىگە چېكىنىشكە باشلىغان، ئۇرۇش سەپلىرىمۇ ئەگرى-توقاي، ئىلگىرى-كېيىن ھالغا كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار قىلىنغان ھېسابلانمايتتى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئوپېراتسىيىسىدە ئەڭ ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ جان پىدالىق بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان قىسىملاردىن بىرى باۋارىيە 16-زاپاس پىيادىلەر بېرىگادىسى ئىدى. ئۇلار تاغ جىلغىلىرى ياكى ئېتىزلىقلاردىكى ئاكوپلاردا بېشىنىمۇ چىقىرالماي دۈگدۈيۈپ يېتىشاتتى. ئۇرۇش سەپلىرى بۇزۇلۇپ ۋەيران قىلىنغان، ھەممە يەر توپ-زەمبىرەك ئوقلىرى ئويۇۋەتكەن ئازگاللار بىلەن تولغان، پۈتۈن ئۇرۇش سېپى پاتقاقلىق ئىچىدە قالغان ئىدى. پۈتۈن كۈچى بىلەن جەڭ قىلىپ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن جەڭچىلەر ئاكوپلاردا بېشىنىمۇ چىقىرالماي تۈگۈلۈپ يېتىشتىن باشقا چارىسى يوق ئىدى. برىتانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئاتقان توپ ئوقلىرى پۈتۈن ئاكوپ ئەتراپىدا يەر يېرىلغاندەك شىددەتلىك گۈمبۈرلەپ پارتلاپ جاھاننى زىلزىلىگە سالاتتى. بۇنى ئاز دېگەندەك، ئۇ كۈنلەردە نېمىس قوشۇنلىرىنىڭ ئۇرۇش سەپلىرىدە ھەر تۈرلۈك ئېغىۋالار يامراپ، نۇرغۇنلىغان ھەربىيلەرنىڭ تۇيۇقسىز توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەر ئاكوپلاردا قۇلاقتىن-قۇلاققا ئۇچۇپ يۈرەتتى. بۇنداق سۆز-چۆچەكلەرنىڭ تارقىلىپ يۈرۈشىمۇ ئەسكەرلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ روھىنى تېخىمۇ بەك چۈشىشىگە سەۋەب بولماقتا ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا كونا ئەسكەرلەر ھېچ ئىش يوقتەك پەرۋاسىز، خامۇش يۈرۈشسە، يېڭى ئەسكەرلەر قورققىنىدىن ھۇشىنى تاپالمايلا قالغان ئىدى.
تۇيۇقسىز، توپ ئوقلىرىنىڭ پارتىلىشىدىن كۆتۈرۈلگەن توپا-توزاڭ قوشۇلۇپ بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان ئاچچىق گاز پۇرىقى پۈتۈن ئاكوپلارنى قاپلايدۇ. شۇ چاغدا كىمدۇر بىرى “گاز! بۇ زەھەرلىك گاز!” دەپ ۋارقىرىغىنىچە سەپداشلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئەسكەرلەر تۇنجى قېتىم بۇنداق زەھەرلىك گاز ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىۋاتاتتى. بەزى ئەسكەرلەر ئەتراپتىكى ھاۋانى پۇراپ بېقىپ بۇ پۇراق ئەتىر پۇرىقىدەك قىلىدۇ دېسە، يەنە بەزىلەر ياق، بۇ قىزىلمۇچ پۇرىقىدەك قىلىدۇ دېيىشەتتى. ئەمما ھەممەيلەننىڭ بۇرنى چىدىغۇسىز ئېچىشىشقا باشلىغاندىن كېيىنلا ئەسكەرلەر ئالدىراپ-سالدىراپ گاز ماسكىلىرىنى تاقىشىپ ئاكوپ بويىدا تامغا قاراپ تۈگۈلۈپ گازدىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە سائەت ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ گاز ماسكىسىدىن يەنىلا چىدىغۇسىز زەھەرلىك گاز پۇرىقى كەتمىگەن ئىدى. قاتاردا يېڭى بىر ئەسكەر، بۇ ھالەتكە دېمى سىقىلىپ بەرداشلىق بېرەلمىدى ئەتىمالىم، گاز ماسكىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ ھاۋادىن قانغىچە ئىچىگە تارتىپ نەپەس ئالىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئۆپكىسى شۇ ھامان ئەجەللىك زەھەرلىك گازغا تولۇپ تولغانغىچە يېقىلىدۇ.
“زەھەرلىك گاز ئۆپكىسىنى تولدۇرۇشى ھامان، ئۇ ئەسكەرنىڭ ئېغىزىدىن ئاپئاق كۆپۈك چىقىپ تۈگۈلۈپ بىر ھازا خارقىراپ ياتقاندىن كېيىن جېنى چىقىپ جىمىدى” دەيدۇ بىر سەپدىشى شۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ. تاڭ سەھەرگە يېقىنلاشقىنىدىلا زەھەرلىك گاز پۇرىقى ئاستا-ئاستا تارقىلىپ ھاۋامۇ تازىلىنىشقا باشلايدۇ. ئەمما بۇ چاغدا دۈشمەننىڭ توپ ئېتىشى قايتىدىن باشلىنىپ كېتىدۇ. جەڭچىلەر ماسكىلىرىنى چىقىرىپ سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەس ئېلىشىدۇ. “شۇنىڭغا قارىماي ھاۋادا يەنىلا گاز پۇرىقى تۈگىمىگەن ئىدى. — دەپ يازىدۇ بىر بىر ئەسكەر ئەسلىمىسىدە، — ھاۋادا گاز پۇرىقى بىلەن قوشۇلۇپ يەنە كۈچلۈك پارتلىغۇچى دورا پۇرىقىمۇ پۇراپ تۇراتتى. ئەمما بىز ئۈچۈن پارتلاتقۇچ پۇروخنىڭ پۇرىقى زەھەرلىك گاز پۇرىقىغا قارىغاندا جەننەتنىڭ ھاۋاسىدەك مەززىلىك بىلىنەتتى.” بۇنداق ساپ ھاۋالىق ھالەت ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ. بۇ چاغدا دۈشمەن تەرەپ تېخىمۇ ۋەھشىيلىك بىلەن ئالدىن پەرق قىلىش پۈتۈنلەي مۇمكىن بولمايدىغان بىر شەكىلدە نەپەسنى بوغىدىغان گاز ھۇجۇمىنى قايتا باشلاپ ھاۋانى يېڭىدىن خاردال ۋە نىترىت پۇرىقى بىلەن توشقۇزۇۋېتىدۇ. گاز ماسكىسى تاقاشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلەر خۇددى ھېلىقى يېڭى ئەسكەرگە ئوخشاش تىك چۈشۈپ بىر ھازا خارقىراپ ياتقاندىن كېيىن جان بېرىدۇ. تەلىيى ئوڭ كېلىپ ساق قالغان ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كۆزى كۆرمەس قارىغۇ بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئارىدىن بىرىنىڭ كۆزى يەنىلا ئاز-تولا بىر نەرسىلەرنى ئىلغىيالىغۇدەك غۇۋا كۆرەلەيتتى. ئۇ ئەسكەر قالغان سەپداشلىرىغا، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ كەينىمدىن مېڭىڭلار، مەن سىلەرنى بۇ يەردىن قۇتۇلۇش يولىغا باشلاپ ماڭىمەن دەپ ۋارقىرايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەسكەرلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سوڭدىشىپ ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ يۈرۈپ يولغا چىقىدۇ. چالا كۆرىدىغىنى تولۇق قارىغۇ بولۇپ قالغانلارنى يېتىلىگىنىچە ئەڭ يېقىندىكى جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتىغا بېرىۋالىدۇ. بۇ زەھەرلىك ئەجەل ئىلىكىدىن قۇتۇلغاان ئەسكەرلەر ئارىسىدا ئادولف ھىتلېر دېگەن 29 ياشلىق بىر ئون بېشى (گېفرېيتېر، مىلادشىي سېرژانت — ئۇ. ت، يەنى ئۇيغۇرچە تەرجىماندىن) مۇ بار ئىدى.
ھىتلېر ياتقان پويىز تىنماي شەرققە قاراپ تاراقلاپ كېتىۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ ئىككىلا كۆزى ھېلىغىچە ھېچ نېمىنى كۆرەلمەيتتى. بۇ چاغدىكى ھىتلېر، روھى چۈشكۈن، ھارغىن، پۈتۈنلەي تۈگەشكەن بىر ئەھۋالدا ئىدى. باشقا زەھەرلەنگەنلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭمۇ ئىككى كۆزى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن، يۈز-كۆزىمۇ تۇلۇمدەك ئىششىپ يۇمىلاق كاۋىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئاۋازىمۇ خۇددى ئالۋاستىنىڭ ئاۋازىدەك بەكلا غەلىتە بۇغۇلۇپ چىقىپ دېگەن گېپىنى زادىلا ئۇققىلى بولمايتتى. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنچلۇق ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئەگەر بىرەر سېسترا كېلىپ ئۇلارغا ياردەم قىلىمەن دېسىمۇ ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۇلارنى يېقىن يولاتمايتتى. ئۇلار بىرنېمە يېمەيتتى؛ بىرنېمە ئىچىشكىمۇ ئۇنىمايتتى؛ دوختۇرلارنىڭ كېلىپ يىرىڭلاپ كەتكەن كۆزلىرىنى تەكشۈرۈشىگىمۇ يول قويۇشمايتتى؛ دوختۇرلار ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ، كۆزۈڭلار تىز ئارىدا ساقىيىپ قايتىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ دەپ شۇنچە يالۋۇرسىمۇ كار قىلمايتتى؛ ئۇلار، شۇنچە يىلدىن بېرى ئاقماق قىلىنىپتىمىز دەپ زارلىنىپ دات-پەريات قىلىشاتتى. ئۇلار، ئەمدى جىمجىت يېتىپ تەقدىرگە تەن بېرىش، ئازابتىن قۇتقۇزغۇچى ئەزرائىلنىڭ جېنىمىزنى ئېلىشقا كېلىشىنى كۈتۈشىمىزگە، يەنى ئۆلۈم ئارقىلىق بۇ ئازابتىن قۇتۇلۇشىمىزغا يول قويۇڭلار دەپ يالۋۇراتتى.
شۇنىڭدىن ئون بەش يىل ئۆتكەن بىر كۈنلەردە ئىمپېرىيىنىڭ بىردىن-بىر داھىيسىغا، يەنى فۈھرېرى ئورنىغا كۆتۈرۈلىدىغان بۇ ئون بېشى، بۇ مىلادشىي سېرژانت، پۈتۈن ۋۇجۇدى چىدىغۇسىز ئاغرىق ئازابى چېكىپ ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە پېتىپ ياتقان بۇ روھى چۈشكەن ئەسكەر، بۇ كۈنلەردە گېرمانىيەنىڭ قايسى دەرىجىدە تارمار كەلتۈرۈلگەنلىكىدىنمۇ خەۋىرى يوق ياتاتتى. بۇندىن تۆت يىل ئاۋۋال، نېمىس قوشۇنلىرى تۇنجى قېتىملىق كۈچلۈك ھەربىي قۇۋۋەت بىلەن ئومۇمى يۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ بېلگىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە قوشۇنلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن ۋاقتىدا ھىتلېر تۇرۇۋاتقان بېرگادا، يەنە شۇ يەردە تۇنجى قېتىم قانلىق جەڭگە قاتناشقان، بىر ھەپتىگە قالماي مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە چىقىمغا ئۇچراپ، قىسىمنىڭ 80 پىرسەنتكە يېقىن ئادىمى جەڭدە ئۆلگەن ئىدى. شۇ چاغدا جەسۇر ئەسكەر ھېسابلانغان ھىتلېرنىڭ قارىشىچە بۇنچىلىك چىقىم مەيۈسلىنىشكە ئەرزىگۈدەك پاجىئە ھېسابلانمايتتى. ئەكسىچە بۇ ئەھۋال نېمىس قوشۇنلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىق ئىرادىسىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىلا كۆرسىتەلەيتتى، خالاس. شۇ چاغدا ھىتلېر ميۇنخېندىكى ئۆي خوجايىنىغا يازغان خېتىدە “… مەن سىزگە غۇرۇر بىلەن شۇنى بىلدۈرىمەنكى، جەڭگە كىرگەن بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا مەن تۇرغان قىسىم ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتتى، يەنى قىسمىمىزدىكى ئوفىتسېرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇرۇشتا باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ قۇربان بولدى، بىزنىڭ روتىدا مەن بىلەن قوشۇلۇپ ئىككى نەپەر سېرژانتلا ساق قالدۇق. ئۇرۇشنىڭ ئالتىنچى كۈنىدە قوشۇنىمىزدا 3600 نەپەر ئوفىتسېر-جەڭچىدىن 611 نەپىرىمىزلا ساق قالدۇق.”
شۇ كۈنلەردە، نۇرغۇنلىغان نېمىسلار شاد-خۇراملىققا چۆمگەن، مانا بۇ گېرمانىيەگە خاس تىئوتونلارچە قەھرىمانلىق دېيىشەتتى. شۇنداقتىمۇ ئايلار كەينى-كەينىدىن قوغلىشىپ ئۆتۈپ، ئۇرۇش زېرىكىشلىك تىركىشىش ئۇرۇشى بولغان ئاكوپ ئۇرۇشىغا ئايلانماقتا ئىدى. ھەر ئىككىلا تەرەپ قوشۇنلىرى بىر-بىرىگە خىرىس قىلىپ ياتقان، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئادەمسىز خارابە بوشلۇق شەكىللەنگەن، پەقەت قايسى بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ سېپىنى بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولۇپ ئاتاكىغا ئۆتكەندىلا توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇراتتى. ھەر چاقىرىملىق ئىلگىرىلەش، ھەتتا ھەر قەدەم ئالغا سىلجىش ئۈچۈنمۇ مىليونلارچە ئەسكەر ئۆلۈپ يارىلىنىشىدەك ئېغىر بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر ئىدى. شۇڭا، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىكىدەك ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتلار ئاستا-ئاستا يوقالغان، مەغلۇبىيەتچىلىك قارىشى بىلەن ئۈمىدسىزلىنىش روھىي ھالىتى خۇددى كۈسۆتكىدەك ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ يوشۇرۇنچە ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىق ئىرادىسىنى غاجىلىماقتا ئىدى. ۋەتەن ئىچىدە بولسا، ئېنگلىزلارنىڭ قامال قىلىشى تۈپەيلىدىن ئەقەللىي تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ تەمىنلىنىشىمۇ ئۈزۈلۈپ قالغان، ئاچارچىلىق، ئازاب-ئوقۇبەتلەر نېمىس خەلقى ئارىسىدا كەڭ يامرىغان ئىدى. ئۇرۇش ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى يىلىغا كىرگەن ۋاقتىدا بولسا، نېمىس ئارمىيىسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ پىكىر-خىيالى غەلىبىنى كۆزلەش ئورنىغا قانداق قىلىپ جېنىنى ساقلاشقا ئۆزگەرگەن ئىدى. ئەسكەرلەر ئالىي قوماندانلىق شىتابىدىكىلەرنىڭ دۆتلۈكىدىن زارلىنىپ، داۋاملىق ئۇرۇشۇشنىڭ قىلچە پايدىسى يوقلۇقىنى ھەر يەردە سۆزلەپ يۈرۈشەتتى. ھىتلېرغا ئوخشىغان ئاز ساندىكى بىر قىسىم كوماندىر-جەڭچىلەر بولسا بۇ تۈردىكى مەغلۇبىيەتچىلىك قاراشلىرىغا پەرۋايى پەلەك، مىيىغىدا كۈلۈپلا قويۇشاتتى. گەرچە ھىتلېرمۇ ئىزچىل تۈردە قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي ھازىرغىچە يەنىلا شۇ ئون بېشى دەرىجىسىدە قالغان ئىدى. ئۇ، قىسىمدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالماي يۈرگىنىگە قارىماي بۇنىڭدىن بەك مەيۈسلەنگەندەكمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ھەر دائىم ۋارقىراپ-جارقىراپ سەپداشلىرىنى تەنقىدلەپ يۈرگىنى يۈرگەن، “ۋەتەندىن زەھەر تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەنلەر” دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن يېڭى ئەسكەرلەردىن بەكرەك يامانلاپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ بىر سەپدىشىنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر بىرەرى چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكۈدەك بولسا، “ئۇ شۇ ھامان ئىككى قولى يانچۇقىدا ئالدى-كەينىگە ماڭغىنىچە ئۈمىدسىزلىكنى تەرغىب قىلغۇچىلارنى ۋارقىراپ تىللاپ كېتەتتى.”
ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە پېتىپ قالغانلار، ھىتلېرنىڭ قاقشىغىنىدەك راستىنىلا خاتالاشتىمۇ قانداق 1918-يىلى كىرىشى بىلەن 4 يىلدىن بېرى ئىزچىل تۈردە بىر يەرگە مىخلىنىپ مۇداپىئەدە ياتقان نېمىس قوشۇنلىرى، غەرب ئۇرۇش سېپىنىڭ تۇرغۇن ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا قارىماي ئۆزىنى ئوڭشاپ يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلىنىدۇ. شۇڭا غەرب ئالدىنقى سەپلىرىدە تىركىشىپ تۇرۇپ قالغان باشقا ئۇرۇش سەپلىرىدىمۇ نېمىس قوشۇنلىرى ئومۇمى يۈزلۈك غەلىبە قازىنىدۇ. نەتىجىدە سېربىيە، رۇمىنىيە، ئاخىرىدا رۇسىيە قاتارلىق ئەللەر نېمىسلارغا تىز چۆكىدۇ. رۇسىيە، نېمىس قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئىچكى قىسىمدىكى ئىنقىلابقا بويۇن ئېگىدۇ. نېمىسلار، يېڭى قۇرۇلغان سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىپ ئۇكرائىنانىڭ بىر مۇنچە تۈزلەڭلىكلىرىنى — ياۋروپانىڭ بولكا ئامبىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋالىدۇ. شەرق ئۇرۇش سېپىدىكى دۈشمەن كۈچلىرى پۈتۈنلەي تارمار كەلتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، نېمىس قوشۇنلىرى شەرق ئۇرۇش سېپىدىن غەربتىكى ئۇرۇش سېپى — فىرانسىيەگە بىر مىليون كىشىلىك ئەسكەر يۆتكىۋالىدۇ. ئۇلار بۇ تولۇقلانغان ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ فىرانسىيە ئۇرۇش سېپىدىكى تىركىشىش ۋەزىيىتىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئومۇمى يۈزلۈك ھەل قىلغۇچ ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىدۇ. نېمىس قوشۇنلىرىنىڭ ئالىي قوماندانلىق شتابىدا باشقىلارغا قارىغاندا گېنېراللىق دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولىشىغا قارىماي ئەڭ مۇھىم ئادەم ھېسابلىنىدىغان گېنېرال ئېرىك ۋون لۇدېندورف تەرىپىدىن “ئىمپېراتور ئوپېراتسىيىسى” دېگەن نامدا پىلانلانغان ئومۇمى يۈزلۈك ھۇجۇم ھەرىكىتى باشلىنىش ئالدىدا ئىدى.
شۇ يىلى ئەتىيازدا نېمىس قوشۇنلىرى 4 قېتىم كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە كۈچلىرىنى ئىلگىرى-كېيىن چېكىنىشىگە مەجبۇرلايدۇ. جان تۇمشۇققا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئەسكىرى قالغۇچە جەڭ قىلىمىز دەپ بۇيرۇق ئېلان قىلىدۇ. 15-ئىيۇل كۈنى، ھەل قىلغۇچ جەڭ رېيم شەھەر ئەتراپىدا باشلىنىدۇ. بۇ ئۇرۇش، چوقۇم كىمنىڭ يېڭىپ كىمنىڭ يېڭىلىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىر ئۇرۇش بولىدىغانلىقىنى ھەر ئىككىلا تەرەپكە ئېنىق ئىدى. “ئەگەر مەن رېيمغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ئالالىسام، — دەيدۇ لۇدېندورف، — بۇ ئۇرۇشتا بىز غەلىبە قىلغان بولىمىز.” ئىتتىپاقداش قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى مارشال فېردىناند فوكمۇ دەل شۇنداق قاراشتا ئىدى. گېزىت خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، بۇ مارشال مۇنداق دېگەن: “ئەگەر نېمىس ئارمىيىسى رېيم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى قولغا چۈشۈرەلىسە، بۇ ئۇرۇشتا بىز يېڭىلگەن تەرەپ بولۇپ قالىمىز.” ئەمما نېمىس قوشۇنلىرىنىڭ زاپاس قىسىملىرى قالمىغان، ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى بولسا، ئامېرىكا دېۋىزىيىلىرى بىلەن كۈچەيتىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ قورال-يارىغى بىلەن يېمەك ئىچمىكىمۇ ئا ق ش دىن ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئارقا سەپ ياردىمىدىن مەھرۇم بولغان نېمىس ئارمىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
نېمىس قىسىملىرىدا ئەسكەردىن قېچىش ئەھۋالى بەكلا ئېغىر ئىدى. كىشىلەر ھەممىلا يەردە توپىلاڭ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ھەققىدە سۆزلىشىپ يۈرەتتى. ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ئاميېنس ئەتراپىدا تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. بۇ ھۇجۇمدا نېمىس قوشۇنلىرى ئوق چىقىرىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار بولىدۇ. بەزى يەرلەردە پەرىشان بولۇپ چېكىنگەن قوشۇنلاردىن بىر قىسمى قارشى تەرەپنىڭ بىرەر ئەسكىرىگە ئۇچراپ قالسىلا دەرھال قول كۆتۈرۈپ بىرلىكتە ئەل بولىدىغان غەلىتە ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. كەينىگە چېكىنىۋاتقان قىسىملار ئالدىنقى سەپكە قاراپ كېتىۋاتقان ياردەمچى ئەسكەرلەرگە “بۇزغۇنچىلار!” دەپ ۋارقىراشلىرىنى ھەر دائىم ئاڭلاش مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. نېمىس قوشۇنلىرى كەينىگە چېكىنگىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىلىرى يەنىلا جايىدا ئىدى. ئەگەر شۇ كۈنلەردە مەغلۇبىيەت قارىشىدا بولغانلارنى بىردە-يېرىم ئادەم دەپ قارىغىنىمىزدا، ھەربىيلىك ۋەزىپىسىگە سادىق ئەسكەرلەر يەنىلا يۈزلەپ-مىڭلاپ تېپىلاتتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ۋەتەن ئىچىدىكىلەر تەدرىجىي شەكىلدە ئىشەنچىنى يوقاتماقتا ئىدى. ئىش تاشلاش ۋەقەلىرى دولقۇنسىمان يامىراپ، شەھەر ئىچىدىكى رادىكال سوتسىيالىستلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك ئىنقىلاب توغرىلىق بەس-مۇنازىرە ئىچىگە پېتىپ قالغان ئىدى. ھىتلېرغا ئوخشىغان جاھىل كىشىلەر بولسا بىخەتەر، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان ئارقا سەپتىكىلەر، شۇنىڭدەك ئۇ يەردىكى سەپتىن چۈشۈپ قالغانلار، مەنسەپ پەرەس پۇرسەتچىلەر، يالغان كېسەل بولۇۋېلىپ ۋەزىپىسىدىن قاچقانلار، ۋەتەن ساتقۇچلار، شۇنىڭدەك يەنە گېرمانىيە دېگەن بۇ ۋەتەننى سۆيۈپمۇ كەتمەيدىغان، ئۇنىڭغا ھۆرمەتمۇ قىلىپ كەتمەيدىغان يەھۇدىيلار ۋەزىيەت ئېغىرلاشقىنىدا جەڭ قىلىۋاتقان ئالدىنقى سەپتىكىلەرنى سېتىۋەتتى دەپ قارىشاتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا، ھەقىقىي قورقۇنچاق لۇدېندورفنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. مەمۇرى ئەمەلدارلارنى زورلاپ ھۆكۈمەتنى تىنچلىق شەرتنامىسىگە قول قويدۇرۇشقا ئۈندەپ كەلگەن ئادەممۇ يەنە شۇ لۇدېندورف ئىدى.
گەرچە ۋاقىت قولدىن كەتكەن بولسىمۇ، ھىتلېرغا ئوخشىغان قاتتىق قول كىشىلەر ئاخىرغىچە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلا بولساق غەلىبە قازىنىشتىن يەنىلا ئۈمىد بار، چوقۇم چارە تېپىلىدۇ دەپ قارىشاتتى. ئۇلار، ئالدىنقى سەپلەر تېخى تولۇق تارمار قىلىنغىنى يوق، كەينىگە چېكىنىشلەرمۇ يەنىلا ئىنتايىن تەرتىپلىك داۋام قىلىۋاتىدۇ دېگەننى باھانە قىلىشىپ، مەغلۇبىيەت ئىچكى قىسىملاردىن كەلمەكتە، مەغلۇبىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار دەل شۇ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ ئەمەلدارلىققا كۆز تىككەنلەر، يالغان كېسەل بولۇۋېلىپ مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغانلار ھەمدە يەھۇدىيلار دېيىشتە چىڭ تۇراتتى.

2
ھىتلېرنىڭ شۇ كۈنلەردە قارىغۇلارچە چىڭ تۇرۇپ ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن غالىبىيەت خىيالىنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قەتئىي ئىككىلەنمەي ھىمايە قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ يىمىرىلىپ كېتىۋاتقانلىقى، كىشىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدىغان ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىش خىيالىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەرمەكتە ئىدى. ئەسلىدە ئۇ ۋاقىتلاردىكى ھىتلېر تەسەۋۋۇر قىلىپ كەلگەن دۇنيا، كونا خانىدانلىقلارنىڭ ئەۋلادى بولغان كىشىلەر، يەنى ئىسىلزادە-ئاقسۈڭەكلەرلا ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلەيدۇ دەيدىغان قاراش ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر دۇنيا ئىدى. يەنى بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەللەر، دىپلوماتىك ۋەزىپىلەر، شۇنىڭدەك ئارمىيە ئىچىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئورۇنلارنىڭ ۋەزىپىسى پۈتۈنلەي كونا ئاقسۆڭەك سۇلالىسىدىن كەلگەن ئېسىلزادە كىشىلەر تەرىپىدىن، ئالاھىدە يۇقىرى تەربىيە كۆرگەن، مەدەنىيەتلىك ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن ئۈستىگە ئېلىنغان بۆلىشى كېرەك دەپ ئويلايتتى. ئەمما بۇ قېتىمقى ئۇرۇش، ئۇنىڭ بۇنداق قاراشلىرىنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. ئاكوپلاردا ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدىن كەلگەنلەر بىلەن تۆۋەن تەبىقىلىك كىشىلەر ئوخشاش شارائىتلاردا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە جەڭ قىلالىغانلىقىنى، ئاقسۆڭەكلەر سۇلالىسىگە مەنسۇپ كىشىلەرلا ئۈستىگە ئالالايدۇ دەپ قاراپ كېلىنگەن نۇرغۇنلىغان مۇھىم ۋەزىپىلەرنىمۇ تەدرىجىي شەكىلدە ئادەتتىكى كىشىلەر ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئۈستىگە ئېلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىدى.
ئەسلىدە، پۈتكۈل ياۋروپادا خان جەمەتىدىن بولغان ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك ئىسمى بار جىسمى يوق ھوقۇقدارلار ئىدى. قىلچە نامى چىقمىغان ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ خۇددى ھىتلېرغا ئوخشايدىغان ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنى بەرپا قىلالايدىغان كىشىلەر يېتىشمەكتە ئىدى. بۇ تۈر كىشىلەر دەسلىپىدە بەكلا ئادەتتىكىچە ياشاپ كەلگەن، ھەتتا بەكلا پاسكىنا مۇھىتلاردىن كەلگەن كىشىلەر بولۇشىغا قارىماي، ئۇنداق ئادەملەر خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى شىددەتلىك ھەرىكەت دولقۇنلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ سەلدەك يېتىپ كەلمەكتە ئىدى. خەلق ئاممىسى كىشىلەرنىڭ كىم ئۈچۈن ئىكەنلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان قانداقتۇر بىر غايىنى دەپ ئۆزىنى پىدا قىلىدىغان بۇ ئۇرۇشقا قارشى تۇرالايدىغان ھالغا كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ خەلق ئاممىسىغا يېتەكچىلىك قىلالىشىنىڭ سىرى ئىدى.

پويىز، ھىتلېر ئولتۇرغان ۋاگوننى سۆرەپ پومېرانىيە شتاتىنىڭ كىچىك بىر شەھىرى — پاسېۋالك دېگەن شەھىرىدىكى بىر ھەربىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقان ۋاقتىدا ھىتلېرنىڭ بەدىنىدىكى قاتتىق ئاغرىق، روھىي جەھەتتىكى يىمىرىلىش ئۇنىڭ كاللىسىدىكى يۈكسەك غايىلىرىنى پۈتۈنلەي توزۇتۇۋەتكەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ كۆزى بىر قانچە ھەپتىلىك داۋالاشتىن كېيىن تەدرىجىي شەكىلدە ساقىيىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىمۇ ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ. كۆز پەردە ياللۇغى يوقىلىشقا باشلاپ ئىككى كۆزىدىكى ئىششىقلار يېنىپ، كۆز چانىقىدىكى چىدىغۇسىز ئاغرىقلارمۇ پەسىيىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ساقىيىپ “ئاستا-ئاستا ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى پەرق قىلالىغۇدەك” ھالغا كەلمەكتە ئىدى. شۇنداق قىلىپ ھىتلېرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭدىكى ئۈمىدسىزلىك روھىي ھالىتىمۇ ئاستا-ئاستا تارقىلىشقا باشلايدۇ. ئەسلىدە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتى نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى، نېرۋا كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى پروفېسسور دوكتور ئېدمۇند فورستېرنىڭ مەخسۇس داۋالىشى نەتىجىسىدە، دىئاگنوزدا كۆرسىتىلگەن زېھنى چېچىلىش كېسىلىمۇ تولۇق ساقايغان ئىدى. دوختۇر فورستېر، خاردال گازى ھەققىدە تۈزۈك مەلۇماتى يوق بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ھىتلېرغا قويغان دىئاگنوزىدا ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قېلىشى ھېستىرىيىلىك (ھىستېرىيە سۆزى ئەسلىدە ئاياللار جىنسى يولىغا خاس كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان  ئېغىر روھى جىددىيلىشىش ئالامىتى ئۈچۈن بېرىلگەن بىر ئىسىم بولسىمۇ، كېيىن بۇ ئىسىم فرېئۇد تەرىپىدىن بارلىق روھى بۇزۇلۇش ھادىسىلىرى ئۈچۈن ئورتاق ئاتالغۇ ھالىغا كەلتۈرۈلگەن، ئېغىر نېرۋا ئاجىزلىق، ئۈمىدسىزلىك، قاتتىق تېرىككەك، ئۆزىنى تۈتىۋالالماي تۇيۇقسىز پارتلاپ كېتىش قاتارىدىكى پسىخولوگىيىلىك كېسىلىنى كۆرسىتىدىغان ئورتاق ئىسىمغا ئايلىنىدۇ. — ئۇ. ت) بىر ئالامەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسە دەپ قارىغان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، ھىتلېرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى يەنىلا ئىزاھلاش مۇمكىن بولمىغان ئالاھىدە بىر ئەھۋال دېيىش كېرەك. شۇنداقتىمۇ بۇ كېسەللىكنىڭ ساقىيىپ كېتىشى، بۇ دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنىڭ بىردىن-بىر توغرا دىئاگنوز دەپ قوبۇل قىلىنىشىغىمۇ سەۋەب بولۇپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، ھىتلېر ئەسلىدە خاردال گازى تەرىپىدىن يەڭگىل زەھەرلەنگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرىگە ئىگە ئىدى: قىزىتمىسى ئۆرلەش، قىزىرىپ ئىششىپ كېتىش، تىنماي ئىڭراپ چىقىش، ئۈمىدسىزلىنىش ۋە شۇنىڭدەك بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە تۈزۈلۈپ كېتىشى، يەڭگىل زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىدىن ئىدى.
كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ھىتلېرنى يېڭىدىن ئۈمىدلەندۈرۈپ، نۆۋەتتىكى ھەر تۈرلۈك ۋەقەلەرگە بولغان قىزىقىشى قايتا ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ. ئۇ كۈنلەردە بېرلىن ئەمەلىيەتتە ئۇرۇشقا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قورشاۋغا ئېلىنغان بولۇپ، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش مىنىستىر گېرمانىيە ئىمپېراتورىنى تەختتىن چۈشۈشكە قىستاش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قول قويۇشقا شارائىت يارىتىش كويىدا ئىدى. گەرچە ھىتلېر، گېرمانىيە تەۋەسىدە ئىسيان كۆتۈرۈش ھەرىكەتلىرى دولقۇن ھالىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغان بولسىمۇ بۇ گەپلەرنى پۈتۈنلەي ئويدۇرۇلغان يالغان-ياۋىداق گەپ دەپ ئىشەنمىگەن ئىدى. نويابىر ئېيىنىڭ بىر ئەتىگىنى، بىر توپ “قىزىل ماتروسلار” ئۇ ياتقان بالنىستقا بېسىپ كىرىپ يارىدارلارنى ئىنقىلابقا قاتنىشىشقا ئۈندەشكەا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرگىنىدىن كېيىنلا بۇ تۈر كوچا خەۋەرلىرىنىڭ راست گەپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ھىتلېر ئەسلىدىنلا بولشېۋىكچىلىققا قارشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرگەن دېڭىزچىلارنىڭ باشلامچىلىرى بولغان ئۈچ نەپەر ياشنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىدىن ھەمدە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ باقمىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، بولشېۋىكلارغا ئۆچمەنلىكى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. “ئەمدى ئۇلار ۋەتىنىمىزدىمۇ قىزىل بايراق كۆتۈرۈپ يۈرەلىگىدەك بوپتۇدە!” ھىتلېر غەزەپتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك  بولۇپ ئاخىرى شۈك بولۇپ قالىدۇ. ئۇ قايتا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ. “مەن قاتتىق ئازابلىنىپ ئورنۇمدىن تۇرغۇدەك ماجالىم يوق رەسمى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئىدىم. شۇنىڭدەك ھېسسىياتىمنىمۇ تولۇق ئىپادىلىيەلمەي قالدىم. مەن ئەسلىدە باشقىلار گېرمانىيەنىڭ يىمىرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ يىغلاپ كەتسە ئۇنداقلاردىن نەپرەتلىنىدىغان بىرى ئىدىم.” ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 9-نويابىر كۈنى سالاپەتلىك، ياشانغان بىر پاستېر (خرىستىئان دىنىي مەسئۇلى — ئۇ. ت) دوختۇرخانىغا كېلىپ ئۇلارنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ پاستېر، ئىسيان ۋەقەسىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ميۇنخېندىمۇ ئىسيان پارتلىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ھىتلېرنىڭ يازغان ئەسلىمىسىدىن، شۇ چاغدا يارىدارلار دوختۇرخانا يىغىن زالىغا يىغىلغانلىقىنى؛ پاستېر، “خۇخېنزورىنلار بۇندىن كېيىن شەھەرلىك پارلامېنتقا ئۆزلىرىنىڭ گېرمانىيە خانىدانلىقىغا تەۋە گېربىنى ئاسالمايدىغان بولدى، گېرمانىيە بۈگۈندىن باشلاپ ’جۇمھۇرىيەت‘ بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بولدى،” دەپ ئېيتقىنىدا، كۆپچىلىك غەزەپتىن غالىلداپ تىترەپ كەتكەنلىكىنى؛ ئۇ ياشانغان پاستېر خۇخېنزورىنلار سۇلالىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەپ بىر-بىرلەپ مەدىھىيىلەپ تىلغا ئالغىنىدا ھىتلېر “ئىختىيارسىز ھالدا كۆزىگە ياش ئېلىپ يىغلىغانلىقىنى، بۇ زالدىكى ھەممە كىشىنىڭ كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولغانلىقىنى، ھەممە كىشى دېگۈدەك كۆز يېشىنى تۈتىۋالالماي يىغلىغانلىقىنى” بىلىمىز. پاستېر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئۇرۇش دەرھال توختىتىلىدىغان بولدى. گېرمانىيە ھەممىنى قولدىن بېرىپ قويدى. بۇندىن كېيىن نېمىس خەلقى غالىپ چىققان ئىتتىپاقداشلار ئالدىدا تىزلىنىپ كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر. … بۇ گەپلەر بولۇۋاتقاندا ھىتلېرنىڭ كاللىسىدىن، بۇ ئىنقىلابقا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك، دېگەن خىياللار ئۆتىدۇ. “مەن ئۇ يەردە داۋاملىق ئولتۇرۇشقا، ھەتتا بىر مىنۇتلۇققا بولسىمۇ ئولتۇرۇشقا تاقىتىم قالمىدى. ئۆتكەن ئىشلار قايتىدىن كۆز ئالدىمدىن تىزىلىپ ئۆتمەكتە. مەن دەلدەڭشىپ ماڭغىنىمچە ئۇ يەر-بۇ يەرنى سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ ياتىقىمغا كىرىپ ئۆزۈمنى كارىۋتقا تاشلاپ، ياستۇقنى بېشىمغا پۈركەپ يېتىۋالدىم.”
ھىتلېر، بۇندىن 11 يىل بۇرۇن ئاپىسىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا تۇرۇپ (ئۇنىڭ ئاپىسى كۆكس راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئازاب ئىچىدە بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان)، يەنى ئاۋسترىيەنىڭ لېئوندىڭ كەنتىدىكى قەبرىستانلىقتا يىغلىغىنىدىن بۇيان بۈگۈن تۇنجى قېتىم يىغلىماقتا ئىدى. ھىتلېر، ئەسكەرلىك ھاياتىدا “ھېچ نېمىگە پەرۋا قىلماي بىغەم ياشاش” جەريانىدا ئىككى كۆزىنىڭ قارىغۇ بولۇپ قېلىش غېمىغا، شۇنچە نۇرغۇن يولداشلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەتلەرگە چىداپ كەلگەن ئىدى. “ئەمما مەن بۇنداق بىر پاجىئەگە زادىلا بەرداشلىق بېرەلمەي قالدىم. ئۆزۈمنى پەقەتلا تۈتىۋالالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم. ۋەتەننىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ بەختسىزلىك ئالدىدا، شەخسى ئازاب ھېچ نېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى مانا شۇندىلا ئېنىق تونۇپ يەتكەن ئىدىم.” ئەنە شۇنداق چېكىدىن ئاشقان ئۈمىدسىزلىكلەرگە قارىماي، ئۇ قايتىدىن غەيرىتىنى توپلايدۇ: “شۇ كۈنلەرگىچە سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىش يولىغا كىرەيمۇ ياكى بىناكارلىق ئىنژېنېرى بولۇش ئۈچۈن يولۇمنى داۋاملاشتۇرايمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئۇزۇنغىچە ئىككىلىنىپ يۈرگەن ئىدىم. شۇ كۈنىدىن باشلاپ قەتئىي ئىرادىگە كەلدىم. شۇ كۈنى ئاخشىمى، مەن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ قەسەم بەردىم: ئەگەر كۆزۈم ساقىيىپلا قالىدىكەن، چوقۇم سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىمەن!” ھىتلېرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىدە قارىغۇ بولۇپ قالغانلىقىغا مېدىتسىنادا زادىلا ئىزاھات تاپقىلى بولمايتتى. دوختۇر فورستېرمۇ ئۇنىڭ ساقىيىشىغا قاراپ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى دىئاگنوزىنىڭ توغرىلىقىغا تېخىمۇ بەك ئىشىنىپ قالىدۇ. يەنى ئۇ، بۇ بىمار “ھىستېرىيە ئالامىتى كۆرۈلگەن روھىي كېسىلىگە گىرىپتار بولغان” دېيىشتە چىڭ تۇرىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي ھىتلېر ئۇ كۈنلەردە ئۆزىنىڭ مەڭگۈ قارىغۇ بولۇپ قالغانلىقىغا پۈتۈنلەي ئىشەنگەن ئىدى.
11-نويابىر كۈنى، گېرمانىيە، كومپيېگن ئورمانلىقىدا (غەربىي شىمالدا پارىژغا يېقىن ئورمانلىقتىكى بىر ۋاگون ئىچىدە — ئۇ. ت) شەرتنامە ئىمزالاپ تەسلىم بولىدۇ. تەسلىم بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان نومۇستىن ھىتلېر چەكسىز ئازابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق كۈنلەرگە بەرداشلىق بېرىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ شۇ كۈنى ئاخشىمى، بەلكىم ئەتىسى ئاخشىمى، ئۈمىدسىزلىنىپ كارىۋىتىدا ئۈن-تۈنسىز ياتقىنىدا قانداقتۇر بىر “تەبىئەتتىن ھالقىغان خىيالى تەسۋىر” (بۇ خىيالى تەسۋىرنى بەلكىم دوختۇر فورستېر مەخسۇس خىيال قىلدۇرۇپ پەيدا قىلغان بۆلىشىمۇ مۇمكىن) ھىتلېرنى بۇنداق دەردتىن قۇتۇلدۇرغانمىش (ھىتلېرنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگىنى، ئېھتىمال دوختۇر فورستېرنىڭ گىپنوز قىلغانلىقىدىن ئوتتۇرىغا چىققان خىيالى تەسۋىر بۆلىشىمۇ مۇمكىن. «شاھىت» دېگەن بىر روماندا بۇنداق گەپكە ئىشىنىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ئىدى. بۇ رومان، ھىتلېر بىلەن فورستېرنىڭ كۆرۈشكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر رومان بولۇپ، رومان ئاپتورى دوختۇر فورستېرنىڭ دوستى بولغان ئېرنست ۋېيس دېگەن كىشى ئىدى. بۇ كىشى ئەسلىدە بىر دوختۇر بولۇپ، كېيىن كەسپىنى ئۆزگەرتىپ رومان يېزىقچىلىقىغا ئۆتكەن. ئۇنىڭ يازغان بۇ رومانىدا مۇنداق بىر ۋەقە تەسۋىرلەنگەن: 1918-يىلى، ’A‘ ئىسىملىك بىر ئەسكەر پاسېۋالكتىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە گوسپىتالىغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ ئەسكەر ئۆزىنى زەھەرلىك گازدا يارىدارلاندىم دەپ تونۇتىدۇ. ئۇ يەردىكى بىر روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى، يەنى بۇ ۋەقەنى ھېكايە قىلىپ بەرگۈچى، ئۇ ئەسكەرگە، ئۇنىڭ كۆرەلمەسلىكى ھىستېرىيە دەيدىغان بىر كېسەللىك سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان دەپ دىئاگنوز قويىدۇ. ئۇ دوختۇر بۇ ئەسكەرنى گىپنوز قىلىپ ئۇنى خىيالى دۇنيادا ساياھەت قىلدۇرغان. — ئاپتورنىڭ ھاشىيەدىكى ئىزاھاتى ياكى ئا. ھ. ئى). ئۇمۇ خۇددى قانداقتۇ بىر پەرىشتە قۇلىقىغا پىچىرلىغاندەك “گېرمانىيەنى قۇتقۇز” دېگەن بىر ئاۋازنى تۇيغانمىش؛ دەل شۇ پەيتتە تۇيۇقسىز بىر مۆجىزە كۆرۈلگەن — ھىتلېرنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلەپ تۇرغان قاراڭغۇ تۇمانلىق پەردە ئۇشتۇمتۇت تارقىلىپ بىردىنلا ئەتراپ يۈرۈپ كەتكەن! — ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى! ئۇ ئۆزىگە ئۆزى ۋەدە قىلغىنىغا ئوخشاش، تەنتەنە بىلەن مۇنداق دەپ قەسەم قىلىدۇ: “چوقۇم بىر سىياسەتچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىمەن، ئۆمرۈم بويىچە پۈتۈن زېھنىمنى بۇ ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىمەن.” شۇ كۈنى ئاخشىمى، پاسېۋالكدىكى تىپ-تىنچ بىر دوختۇرخانا بالنىستىدا، يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئەڭ ياۋۇز ئادىمى ئەنە شۇنداق دۇنياغا كېلىۋاتاتتى. ئەسلىدە ، ئۇ كۈنلەردە ھىتلېر سىياسەتنى ئەمەس بەلكى سىياسەت ھىتلېرنى تېپىۋالغان ئىدى.


بىرىنچى بۆلۈم
“مەن بىر خىيالپەرەس”

1. ھىتلېرلار جەمەتى
1889-يىلىدىن 1907-يىلىغىچە3

1
ھىتلېر، ئۆز ئائىلە كېلىپ چىقىشى توغرىلىق ئادەتتە ئارتۇق گەپ قىلىپ يۈرمەيتتى. شۇنداقتىمۇ بەكلا ئاز بەزى سىرلىرىنى ئېيتىپ سالىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ يوق ئەمەس. ئالايلۇق ئاتىسىنىڭ دېگىنى دېگەن، قىلغىنى قىلغان كاژ بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئاتىسى بىلەن پەقەتلا چىقىشالماي ئۆتكەنلىكىنى؛ ئاپىسىنىڭ بولسا ئىنتايىن شۈك مىجەزلىك مۇلايىم بىر ئايال ئىكەنلىكىنى ئېيتاتتى. ھىتلېر ئاپىسىغا بەكلا ھۆرمەت قىلاتتىكەن، ئەمما ئائىلىسىنىڭ ھۆكۈمرانى يەنىلا ئۇنىڭ ئاتىسى ئىكەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىلا ۋالدىۋيېرتېللىق ئىدى. ئۇ يەر ئاۋسترىيەنىڭ بىر يېزىسى بولۇپ، ۋيېننانىڭ غەربى شىمالىغا توغرا كېلىدىغان، يەنى بۈگۈنكى چېخىيە چېگراسىغا يېقىن بىر يەر ئىدى. ھىتلېر ئائىلە جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئائىلە جەمەتىدە موراۋىيە قانداشلىقى بارمىش. ئاۋسترىيەدە ھىتلېر دېگەن بۇ فامىلە بەكلا ئادەتتىكى بىر فامىلە بولۇپ، بۇ ئىسىم ئېھتىمال چېخلاردىكى “ھىدلار” ياكى “ھىدلارچېك” دېگەندىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بۆلىشىمۇ مۇمكىن. 1430-يىلىدىن بېرى، ۋالدىۋيېرتېل كەنتىدىكىلەردە فامىلىسى ھيېدلېر بولغانلار بۇ ئىسىمنى نەچچە خىل شەكىلدە يېزىشاتتىكەن. مەسىلەنHydler  دىن Hytler غا، ئۇنىڭدىن يەنە  Hidlerغا ئۆزگەرتىپ يېزىشاتتىكەن. 1650-يىللىرىدا ئادولف ھىتلېرنىڭ ئانا تەرەپ بىۋاسىتە ئەجدادلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمىمۇ گېئورگ ھيېدلېر ئىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدىمۇ بەزىدە فامىلىسىنى Hüttler ياكى Hitler شەكلىدە يازىدىغانلار بولغان. ئۇ دەۋرلەردە گېرمانىيىمۇ خۇددى شېكىسپيېر دەۋرىدىكى ئەنگلىيەگە ئوخشاش ئىملا مەسىلىسى ئۇنچە بەك مۇھىم  ھېسابلانمايدىغان، تۈزۈك ئىملا قائىدىلىرىمۇ يوق بىر دەۋرلەر ئىكەندۇق.
ۋالدۋيېرتېل كەنتىنىڭ مەنزىرىسى خېلى چىرايلىق، كەنت يېرىمۇ قويۇق ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان بىر يەر ئىدى. يانتۇلۇقلىرى تەكشى ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئورمانلىق ئارىلىرىدا ئەمگەكچان، تىرىشچان دېھقانلارنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئاچقان تېرىلغۇ يەرلەر بار ئىدى. ھىتلېرنىڭ ئاتىسى 1837-يىلى 7-ئىيۇن كۈنى سىترونېس كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاپىسى ئۇنى تۇغقىنىدا 42 ياشلىق توي قىلمىغان بىر قېرى قىز ئىكەندۇق. ھىتلېرنىڭ بۇ ئاتا تەرەپ چوڭ ئانىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى مارىيە ئاننا شىكىلگرۇبېر ئىكەن. سىترونېس دېگەن بۇ يېزا كىچىك بىر كەنت بولغاچقا، ئۆز ئالدىغا بىرەر چېركاۋىمۇ يوق ئىكەندۇق. شۇڭا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق دۆللېرشېيىمدا “ئىسىم-فامىلىسى: ئالويىس شىكىلگرۇبېر، ئائىلىسى: نىكاھسىز تۇغۇلغان” دەپ ئەنگە ئېلىنغان ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئالويىسنىڭ ئاتا ئىسمى يېزىلىدىغان كاتەكچە داۋاملىق بوش قالدۇرۇلغان4 (چېكىدىكى ئۇششاق رەقەم، ۋوردسۋورد ئېدىتور لىمىتېد 1997-يىلى نەشرى ئېنگىلىز چە نۇسخا كىتاب بېتى — ئۇ. ت). شۇنداق بولغاچقا، بۇ مەسىلە تا بۈگۈنگىچە يېشىلمىگەن سىر ھالىتىدە قالىدۇ: ئۇنىڭ ئاتىسى بولغان كىشى بەلكىم شۇ كەنت ئەتراپىدا ياشايدىغان بىرى بۆلىشى، ھىتلېرنىڭ چوڭ بوۋىسى بولغۇچى كىشىمۇ بەلكىم شۇ يەردىكى باي بىر يەھۇدىي، ئىسمىمۇ فرانكېنبېرگېر ياكى فرانكېنرايدېر بۆلىشىمۇ مۇمكىن دېگەن گەپلەر تارقىلىپ يۈرگەن. دېگەندەك، مارىيە ئاننامۇ بۇرۇن بىر مەزگىل گراز ئىسىملىك بىر يەھۇدىيلار ئائىلىسىدە خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ باققان بولغاچقا، بىر ھېسابتا مارىيەنىڭ خوجايىننىڭ ياش ئوغلىدىن ھامىلە قېلىش ئېھتىمالىنىمۇ يوق دېيىشكە بولمايتتى.
ئالويىس بەش ياشقا كىرەي دېگەن ۋاقىتلاردا، سپىتال دېگەن قوشنا كەنتلىك تىنماي كۆچۈپ يۈرۈپ تۈگمەنچىلىك قىلىدىغان جوھان گئورگ ھيېدلېر ئىسىملىك بىرى مارىيە بىلەن توي قىلغان. مارىيە توي قىلغىنىدىن كېيىنمۇ بالىسى ئىككىسىنىڭ كۈنى يەنىلا بەك جاپالىق ئۆتكەن ئىكەن؛ ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە ئالويىسنىڭ ئاپىسى مارىيە ئۆلۈپ كەتكەن. كۆچمەن تۈگمەنچى بولغان ئالويىسنىڭ ئۆگەي ئاتىسى قايتىدىن جاھانكەزدىلىك ھاياتقا قايتىپ كەتكەن. شۇندىن كېيىن، ئالويىسنى تۈگمەنچى ھيېدلېرنىڭ ئاكىسى، سپىتال كەنتىنىڭ 36-نومۇرلۇق قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۆگەي كىچىك ئاتىسى جوھان نېپومۇك بېقىۋېلىپ چوڭ قىلغان. بۇ كەنتتىكى يېزا قورۇسى بىلەن قوشنا كەنتتىكى قورۇ، ھىتلېر يازلىق دەم ئېلىش ۋاقىتلاردا 5~6 قېتىمدەك تۇرۇپ كەلگەن بولغاچقا، بۇ قورۇ ئادولف ھىتلېرنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ئىنتايىن مۇھىم ئىككى قورۇ ھېسابلىنىدۇ.
كېيىنچە، سپىتال كەنتىنىڭ شارائىتى ئالويىس ئۈچۈن بەكلا جاپالىق بولۇپ كەتكەچكە، 13 ياشقا كىرگەن يىلى “كىچىك بىر سومكىغا كىيىم-كېچەكلىرىنى قاچىلاپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ.” بۇ ھادىسە (ئەگەر بۇ دېگەنلىرى راست بولغىنىدا)، كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭ ئوغلى ئادولف ھىتلېرنىڭ «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتابىدا تەسىرلىك بىر ھېكايىغا ئايلاندۇرۇپ تەسۋىرلەنگەن: “ئۇ پۈتۈنلەي ئامالسىزلىق ئىچىدە بۇ قارارغا كەلگەن، — ئۇ سەپەرگە چىقىدۇ، يېنىدا ئارانلا ئۈچ گۈلدىن تەڭگىسى (گېرمانىيە-ئاۋسترىيە ئىككى دۆلەت بىرلىكتە ئىشلەتكەن تەڭگە پۇل) بولغان ئاتام، شۇ تەڭگىلەرنى يول خىراجىتى قىلىپ قانداق كۈنلەر كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان قاراڭغۇ بىر دۇنياغا قاراپ سەپەر قىلغان.” ئالويىس يول بويى مەدىكارلىق قىلىپ يۈرۈپ، شۇ دەۋرنىڭ تەۋەككۈلچى ياشلىرى تەلپۈنىدىغان شەھەر — ۋيېنناغا يېتىپ بارغان. ئۇ، ۋيېننادا موزدۇزلۇققا شاگىرتلىققا كىرىدۇ.
ئالويىس، ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە ئاياق تىكىش ھۈنىرىنى ئىگىلەپ ئۇستا موزدۇز بولۇپ يېتىشىپ چىققان بولسىمۇ، بۇ ئىشىدىن رازى ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ تىلغا ئالغۇدەك بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش خىيالىغا كەلگەن. شۇنداق قىلىپ، ئالويىس ئەسكەرلىككە تىزىملىتىپ ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ چېگرا مۇداپىئە ئەسكىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. شۇ ئارقىلىق ئۇ رەسمىي دۆلەت كادىرى بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ كەسپى جەھەتتە يەنىمۇ بىر بالداق يوقۇرى ئۆرلىگەن. ئالويىس، تىرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ كادىرلىق دەرىجىسى ئېلىش ئىمتىھانىدىن ئۆتىۋالغان. ئۇ 24 ياشقا كىرگىنىدە تاموژنىدا ئاددىي تەپتىش ئەمەلدارى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇنداق دەرىجە، شۇ دەۋرلەردە ۋالدىۋيېرتېل كەنتىدىكىلەرئۈچۈن قالتىس ئابرۇيلۇق بىر ئىش ھېسابلىناتتىكەن. كۈچلۈك ئىرادىلىك ئالويىسنىڭ كەسىپى دەرىجىسى، شۇندىن باشلاپ مۇددەت بويىچە دەرىجىسى ئۆسۈپ تۇرغان. 1875-يىلىغا كەلگىنىدە، دوناي دەرياسى بويىدىكى گېرمانىيە تەرەپكە ئۇدۇل براۋناۋ تاموژنىسىدا تەپتىش ئەمەلدارىلىق دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلگەن.
ئالويىسنىڭ بۇ دەرىجىدىكى كادىر ھالىغا كېلەلىشىدىن ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان جوھان نېپومۇك ھيېدلېر ھەممىدىن بەك خۇشال ئىدى. چۈنكى، شۇ چاققىچە ھىتلېرلار جەمەتىدىن مۇنچە يۇقىرى مەمۇرى ئەمەلدارلىققا كۆتۈرۈلگەن بىرمۇ ئادەم چىقىپ باقمىغان ئىكەن. بۇ جەمەتتە ھىتلېر دېگەن بۇ فامىلىنى داۋاملاشتۇرالىغۇدەك تۈزۈكىرەك بىر ئەر كىشى بولمىغاچقا، نېپومۇك 1876-يىلى باھار ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدا بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىپ بۇ ئىشنى رەسمىيلەشتۈرۈپ بېكىتىۋېتىشنى ئويلىغان (ھىتلېر بۇ ئىشنى چۇۋۇپ ئوتتۇرىغا چىقىرىشىدا بەلكىم باشقىچە مەقسىدى بۆلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كەنتتىكى غەيۋەت-شىكايەتلەردىن قارىغاندا ئالويىس، نېپومكدىن بولغان بالىمىش؛ ھىتلېرنىڭ ياشلىق دەۋرى ھەققىدە كىتاب يازغان يازغۇچى فرانز جېتزىڭگېرنىڭ ئېيتىشىچە، ھىتلېر بەلكىم ئاتىسى ئالويىسنى قانۇنلۇق بالا ھالىغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ بۇ گەپلەرنى تىشىپ يۈرگەن بۆلىشى ئېھتىمال ئىكەن. “ئەگەر ئۇنى تاپقان كىشى بىر يەھۇدىي بولۇپ چىققۇدەك بولسا، ئۇنىڭ بۇنداق سۇلالە ئۆزگەرتىش قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىكى مەقسىتى ئېنىق دېگەن گەپ” — ئا. ھ. ئى). بۇ ئىشنى پىلانلاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇنىڭ كۈيئوغلى بىلەن يەنە ئىككى نەپەر تۇغقىنى بىكارچىلىقتا ئايلىنىپ بۇ مەھەلىگە كېلىپ قالغىنىدا، 6-ئىيۇن كۈنى ۋېيترا ناھىيە بازىرىغا بىرگە بېرىپ نوتارىيىچىلەر ئالدىدا يالغاندىن “بىز ھيېدلېرنىڭ ئاكىسى” دەپ شاھىتلىق قىلىپ، ئۇنى ھىتلېر دەپ ئاتاشقان. شۇ ۋاقىتتا نېپومۇكمۇ ئالويىسنى ھىتلېرلار جەمەتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە سەكراتتا ياتقان ۋاقتىدا (1857-يىلى) تۈزگەن ئاخىرقى ۋەسىيەتنامىسىدا ئالويىس ئىسمىلىك بىر قانۇنسىز بالىسى بولغانلىقىنى يازدۇرغان. شۇ ئارقىلىق ئالويىسنى قانۇنلۇق ۋارىس قاتارىغا ئېلىپ، ھىتلېر دېگەن فامىلىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان.
“ھيېدلېر” نىڭ “ھىتلېر” غا ئۆزگىرىپ قېلىشى، بەلكىم دىققەتسىزلىكتىن كېلىپ چىققان بىر ئىش بۆلىشىمۇ ۋە ياكى بۇ ئىش يېزىلىقلارنىڭ ئوينىغان قۇۋلۇق ئويۇنلىرىدىن بىرى بۆلىشىمۇ مۇمكىن. يەنى ئۇلار بۇ تۈر ھەرپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇ ئىشنى كېيىن بىلگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە چىگىش ھالغا كەلتۇرىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بۆلىشىمۇ مۇمكىن. ئەتىسى، جوھان نېپومۇك ھيېدلېر ئۈچ نەپەر تۇغقىنى بىلەن بىرگە دۆللېرشېيىم5 غا بارغان. ئالويىس تۇغۇلغاندا ئۇنى ئەنە شۇ يەردە ئەنگە ئالدۇرغان ئىكەن. شۇ يەردىكى چېركاۋنىڭ ياشانغان پاستورى كەلگەن ئۈچ نەپەر گۇۋاھچىنىڭ ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ نىكاھ تىزىملىك ژۇرنىلى دەپتەردىن 1842-يىلى ھەقىقەتەن گئورگ ھيېدلېر دېگەن بىر ئەر، شىكىلگرۇبېر فامىلىلىك بىر قىز بىلەن توي قىلغانلىق تىزىمىنى تېپىپ چىققان. شۇنداق قىلىپ، بۇ پاستور ئالويىسنىڭ تۇغۇلۇش جەدۋىلىنى ئۆزگەرتىشكە ماقۇل بولغان. ئەمما ياشانغان پاستور، زېھنى كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدىنمۇ ياكى ئۆزىچە ئېھتىيات قىلغانلىقىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، كاتەكچىدىكى “نىكاھسىز تېپىلغان” دېگەن سۆزنى “نىكاھلىق تۇغۇلغان” دېگەنگە ئۆزگەرتىپ، بوۋاقنىڭ فامىلىسى بولغان “شىكىلگرۇبېر” دېگەن ئىسىمنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، يېڭى فامىلىنى توشقۇزماي ئورنىنى ئاق تاشلاپ قويغان. ئەڭ ئاخىرقى كاتەكچىگە ئىجىر-مىجىر قىلىپ”ئىمزالىغۇچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن بۇ جەدۋەلدە تىزىملىتىلغان ’ئاتىسىنىڭ ئىسمى‘ دېگەن يەردە يېزىلغان گئورگ ھيېدلېر گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر پىششىق تونۇيدىغان بىرى بولۇپ، ئاپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئالويىسنى ئۆز بالىسى دەپ تونۇيدۇ، ھەمدە بۇ چېركاۋدا بوۋاقنى چوقۇندۇرۇش مۇراسىم تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىمەن” دەپ يازغان. ئۈچ نەپەر شاھىتنىڭ ئىمزاسىنى ئۇلار ئۈچۈن يېزىپ بېرىپ قول قويغۇزغان. يەنى قول قويۇش ھېسابىدا ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە كرېست بەلگىسى سىزدۇرغان.
جەدۋەلدىكىلەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشى يا ئىمزاسى يوق، يا چېسلاسى يوق بولغاچقا، تەبىئىي ھالدا ئۇ پوپنىڭ گۇمانىنى قوزغىشى تۇرغانلا گەپ. شۇڭا ئۇ، بوۋاقنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى توي قىلىش تىزىملىكىدىكى بويىچە “ھيېدلېر” دەپ يازماستىن “ھىتلېر” دەپ يېزىپ قويىدۇ. ئۇ يەنە بۇ ئىشلارنىڭ باشتىن ئاخىرى قانۇنسىز ئىش ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەتتى. چۈنكى، ئۆلۈپ كەتكەن بىرىنىڭ ئاتا بۆلىشىنى ئېتىراپ قىلىش، سوت قارارى بولماي، ھەمدە ئاپىسىنىڭمۇ ئىسپاتى بولماي مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
بۇ ئىشتىكى يەنە بىر مۈجمەل تەرەپ، ئالويىس شىكىلگرۇبېرنىڭ بۇ يېڭى فامىلىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسى ئىدى. نىكاھسىز تېپىلغان دېيىش ئۇنىڭغا ئۇنچە بەك ئېغىر كەلمەيتتى. ئاۋسترىيەنىڭ جەنۇب تەرەپلىرىدە بۇنداق ئىشلارغا ھېچكىم ھەيران بولۇپمۇ يۈرمەيتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا يىراق تاغلىق يېزىلاردىكى نىكاھسىز تېپىلغان بالىلارنىڭ سانى ھەتتا 40 پىرسەنتتىنمۇ ئارتۇق ئىدى. ئۇ يىللىرى يېزىلاردا بالا دېمەك، بايلىق دېگەنلىك بولاتتى. ئۇيەرلەردە بەستلىك، قاۋۇل ئەمگەك كۈچى بولغۇدەكلا بىرى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا ھېچكىممۇ ياق دېمەيتتى. شۇڭا، ئۇنداق بىر بالا ئۈچۈن قانداق تۇغۇلغانلىقى ئۇنى بىئارام قىلماستىن بەلكى فامىلىسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئۇنى بەكرەك بىئارام قىلىشى ئېنىق ئىدى. چۈنكى، ئالويىس، ’شىكىلگرۇبېر‘ دېگەن فامىلە بىلەن يۈرگىنىدە بىر مۇنچە ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن بولغاچقا، شىكىلگرۇبېر دېگەن بۇ فامىلىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى چوقۇم.
بۇ ئىشتا ھەر قانداق بىر غەرەز يوشۇرۇنغان بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر، جوھان نېپومۇك ھيېدلېر، ئالويىسقا فامىلىسىنى ئۆزگەرتىشكە قىزىقتۇرۇپ كەلگەن ئىدى (كەنتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا، بوۋاينى ۋەسىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ماقۇل كەلتۈرۈش نىيىتىدە ئۇنى فامىلە ئۆزگەرتىشىگە سالا قىلغان دەپ سۆز-چۆچەك تارقالغان. ھيېدلېر ئۆلۈپ ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندە، ئالويىس بەش مىڭ فلورىن، — ئەينى ۋاقتىدىكى ئاۋسترىيە پۇلى بولۇپ، بىر فلورىن تەخمىنەن ئىككى شىللىڭغا تەڭ، — پۇلغا بىر قورۇق سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى يېزىدىكىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاز-تولا ئىسپاتلاپ بەرمەكتە). نېمىلابولسا بولسۇن، ئالويىس “ھىتلېر” دېگەن بۇ فامىلىنى قوبۇل قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىگە ھەقىقەتەن بەكلا مۇھىم بىر ئىش سەۋەب بولغانلىقى ئېنىق. ھېلىمۇ ياخشى ئۆزگەرتكەن ئىكەن. ئويلاپ كۆرەيلى، ئەگەر ئۇنداق بولماي، كېيىنكى ۋاقىتلاردا 70 مىليونلۇق گېرمانىيە خەلقى قىسقىچە “خايل ھىتلېر!” دېيىش ئورنىغا “ياشىسۇن شىكىلگرۇبېر!” دەپ توۋلاشقا مەجبۇر بولار ئىكەندۇق!
ئۇچىسىدا مەخسۇس فورما، ھەربىيلەردەك قىسقا چاچ قويغان، قويۇق قاشلىق، چوڭ كۆزلۈك، شاپ بۇرۇت، ساقاللىرى پاكىز قىرىلىپ قويۇق چېكە ساقال قويۇۋالغان ئالويىس، سپىتالدىكى قىزلارنىڭ كۆزىدە قامەتلىك، جەلىپ قىلارلىق بىر يىگىت بولۇپ كۆرۈنىدىغانلىقىدا گەپ يوق. تەبىئىيكى، ئالويىسمۇ قىزلارغا شەھلا كۆزى بىلەن قاراپ يۈرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. كېيىن ئۇمۇ ئۆز ئاتىسىغا ئوخشاش نىكاھسىز تۇغۇلغان بىر قىزنىڭ ئاتىسى بولىدۇ. گەرچە ئۇ ئىمپېرىيە ئىگىلىكىدىكى تاماكا شىركىتىنىڭ بىر پرىيومچىكىنىڭ قىزى بىلەن ئۆيلەنگەن بولسىمۇ ئۇچرىغانلا گۈلنى پۇراپ كۆرۈشتىن يانمايدىغان بىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئايالى ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك ھېسابلانمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىمۇ ئۇرۇق كېسەلچان بىرى بولۇپ، يېشىمۇ ئۇنىڭدىن 14 ياش چوڭ ئىدى. سپىتال كەنتىدە، جوھان نېپومۇك ھيېدلېرنىڭ قىز نەۋرىسى كلارا پۆلزل ئەڭ جەلپ قىلارلىق قىزلاردىن ھېسابلىناتتى. ئۇ قىز ئەندىلا 16 ياشنىڭ قارىسىنى كۆرگەن،6 مۇلايىم، چىرايلىق، ئەۋرىشىم، بوي-تۇرقىمۇ قامەتلىك ئالويىسنىڭ بويىغا تەڭ دېگۈدەك بىر قىز ئىدى. ئۇ قىز بەكلا قاملاشقان بولۇپ، قويۇق قوڭۇر چاچلىرى بەكلا يارىشىملىق ئىدى. بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىدىنمۇ ياكى كېسەلچان ئايالىغا بىرەر خىزمەتچى لازىملىقىنى ئويلىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر، ئاتا-ئانىسىنى ماقۇل كەلتۈرۈپ ئۇ قىزنى براۋناۋغا ئالدۇرىۋالىدۇ. ئۇ قىز ئالويىس ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە شۇ دەڭدە تۇراتتى. ئەسلىدە، ئالويىس ئۆيىدىمۇ جىم يۈرمەي، ئۆيىدە ئاشپەز ياردەمچىلىكىنى قىلىپ كېلىۋاتقان فرانزىسكا ماتزېلسبىرگېر (مېھمانلار ئۇنى فاننى دەپ ئاتايتتى) بىلەنمۇ يوشۇرۇنچە مۇناسىۋەت قىلىپ يۈرگەن.
يولدىشىنىڭ بۇ تۈردىكى ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگىنىگە ھىتلېر خانىم پەقەتلا تاقەت قىلالمىغان. شۇڭا بۇ ئايال، ئالويىستىن ئاجرىشىپ ئۇنىڭ بىلەن قانۇنلۇق بىر شەكىلدە ئايرىم ئۆيدە يېتىپ-قوپۇپ يۈرگەن. شۇنداق قىلىپ، ھىتلېرلار ئائىلىسىدە فاننى رەسمىي ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ قىز، ئۆي ئىچىدە ھەرگىز بىر ئاشنا سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى ئىنتايىن سالاپەتلىك بىلەن رەسمىي نىكاھلىق ئايالىدەك يۈرگەن. ئۇ، چىرايلىق بىر قىز خىزمەتچىدىن ئاسانلا ھاياجانلىنىدىغان ئالويىس ئۈچۈن ئالاھىدە جەلپ قىلىش كۈچى بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەچكە، بىرىنچى ئىش بولۇپ قىلغان ئىشى كلارانى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىش بولغان. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ، يەنى 1882-يىلى، فاننى بىر ئوغۇل تۇغقان. بۇ ئوغۇلمۇ خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاش نىكاھسىز تۇغۇلىدۇ. كېيىنكى يىلى، ھىتلېرلار ئۆيىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ئايالى تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ساقىيالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئالويىسمۇ فاننى بىلەن رەسمىي نىكاھلىنىپ توي قىلىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ توي قىلىشى ھەقىقەتەن ۋاقتىدا بىر ئىش بولغان. يەنى توي قىلىپ ئىككى ئاي بولمايلا ئىككىنچى بالىسى ئانگېلا تۇغۇلغان. شۇنداق قىلىپ، نىكاھسىز ھامىلىدار بولغان بولسىمۇ ئالويىسنىڭ قانۇنلۇق بىر قىزى بولغان ھېسابلانغان. ئۇ يەنە تۇنجى بالىسى كىچىك ئالويىس ھىتلېر دېگەن بىر ئوغۇلنىڭمۇ قانۇنى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان. فاننى قانۇنلۇق ئايالى ئورنىغا ئېرىشەلىگەن بولسىمۇ ئالويىس ھەر دائىم ئەتراپىدىكى قىزلاردىن كۆزىنى ئۈزمەي يۈرىدىغان بىرى بولغاچقا، بەرى بىر ئۇنچە بەك بەختلىك بولالمىغان. شۇڭا ئۇمۇ خۇددى ئالدىنقى ئايالىغا ئوخشاش ئېغىر ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ براۋناۋ كەنتىدىن ئايرىلىپ ھاۋاسى ساپ بولغان قوشنا يېزىغا بېرىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئالويىس يېنىغا ئىككى بالىسىنى ئېلىپ كونا مەھەللىسىدىكى پوممېر دېڭىنىڭ ئۆگزە قەۋىتىدىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ كۆچۈپ كىرگەن. ئەمدى ئۇ چىرايلىق قىز جىيەنىنى ياردەمگە چاقىرىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم ئۇنى ئۆيىگە چاقىرىۋېلىشقا ھەققىمۇ بار دېيىشكە بولاتتى. كلارامۇ ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا، يەنى پوممېر سارىيىغا قايتىدىن كۆچۈپ كېلىۋالىدۇ. بۇ قېتىم ئۇنىڭ سالاھىيىتى ئۆي خىزمەتچىسى، بالا باققۇچى ۋە ئاشنا بولۇش ئىدى. ئادولف ھىتلېرنىڭ ئاپىسى بولغۇسى بۇ ئايال، بەكلا كۆڭلى يۇمشاق بىر قىز ئىدى. شۇڭا ئۇ پات-پات فاننىنىڭ يېنىغا بېرىپ يوقلاپ ئۇنىڭ تېزرەك ساقىيىپ كېتىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىپ تۇرىدۇ. قىزىق يېرى، فاننىمۇ كۈندىشىنىڭ بۇ تۈردىكى ياردىمىنى ھەرگىز رەت قىلمايدۇ. 1884-يىلى يازدا، بىچارە فاننى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. دېگەندەك، ھىتلېرلار ئائىلىسىنىڭ كېيىنكى خانىمى بولىدىغان ئايالنىڭ ئېغىر ئاياقلىقىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈپ قالىدۇ. شۇڭا، ئالويىسمۇ ئىككى بالىسىغا قارايدىغان باشقا بىرى بولمىغاچقا، دەرھال كىلارا بىلەن نىكاھلىنىۋېلىشقا ئالدىرايدۇ. ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ كلارا بىلەن بەكلا چىقىشىپ ئۆتمەكتە ئىدى. ئەمما شۇ يەردىكى چېركاۋ بۇرۇن كۆرسىتىلگەن يالغان ئىسپاتقا ئاساسەن ئالويىسنىڭ ئاتىسى بىلەن كلارانىڭ بوۋىسى ئاكا-ئۇكا ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئىككىسىنىڭ نىكاھلىنىشىغا قوشۇلمىغان. ئامال يوق، ئالويىس، چېركاۋ پاستورى ئۈستىدىن رىم پاپىسىغا ئەرز سۇنۇپ، ئالاھىدە ئەھۋال بويىچە بۇ ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەن. بىرەر ئايغا قالماي ئۇنىڭ ئىلتىماسى تەستىقلانغان. روشەنكى، كلارانىڭ ئېغىر ئاياقلىقى سەۋەبىدىن بۇ تەلەپ دەرھال تەستىقلانغان. شۇنداق قىلىپ، 1885-يىلى 7-يانۋار كۈنى، ئالويىس بىلەن كلارا ئىككىسى پوممېر ئىن سارىيىدا رەسمىي نىكاھلىنىپ توي قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ توي مەرىكىسىدە ئالويىسنىڭ ئوغلى كىچىك ئالويىس ۋە قىزى ئانگېلامۇ بار بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە كلارانىڭ سىڭلىسى جوھاننا بىلەن ئىككى نەپەر تاموژنا كادىرىمۇ نەق مەيداندا گۇۋاھچى بولۇپ تۇرۇپ بەرگەن. نىكاھ مۇراسىمىنىڭ بارلىق تەييارلىق ئىشلىرى يېڭى ئۆي خىزمەتچى قىزنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن. بۇ خىزمەتچى قىز ساراي ئۆينى ئوت قالاپ بەكلا ئىسسىتىۋەتكەچكە، پۈتكۈل مۇراسىم بويىچە ئالويىس ئۇ قىزنى ئۆينى قالتىس ئىسسىتىپسەن دەپ چاقچاق قىلىشتىن توختىمايدۇ. بۇ يېڭى توي قىلغان جۈپلەر نىكاھتىن كېيىنكى شېرىن كۈنلەر ساياھىتىنىمۇ قىلماي، ئادەتتىكىچە تاماقلانغاندىن كېيىن ئالويىس تاموژنىدىكى ئىشىغا كەتكەن. كلارا كېيىن شۇ كۈنىنى ئەسلەپ، “يېڭى ئېرىم بولغان بۇ كىشى نىكاھتىن كېيىن چۈشتىن بۇرۇنلا ئالدىراپ ئىشقا كەتكەن ئىدى” دەيدۇ.
مۇھىم بولغىنى ئالويىس شەخسى تۇرمۇشىغا تولا بەك دىققەت قىلىپ كەتمىسىمۇ، ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى نۇقسانلىرى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا قىلچە تەسىر قىلمايتتى.7 ئۇ ۋەزىپىسىنى ئىزچىل تۈردە ساداقەتلىك بىلەن ئورۇنداپ، ئىشىنى تولۇق پۈتتۈرۈشكە ئادەتلەنگەن سادىق مەمۇرى خىزمەتچى ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ باشلىقلىرى بىلەن خىزمەتداشلىرى ئۇنى داۋاملىق ھۆرمەت قىلىپ تەقدىرلەپ تۇراتتى. گەرچە مەھەللىسىدىكىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ بەك ئىناۋىتى بولمىسىمۇ، — ئادەتتە بۇنداق كىچىك مەھەللىلەردە بىرەرىنىڭ ئاشنا ئويناپ يۈرىدىغان قىلىقىنى چايخانىلاردا مازاق قىلىپ سۆزلىشىپ يۈرسىمۇ، — ئالويىس يەنىلا ئۆزىنى نىسبەتەن ئەخلاقلىق بىرى دەپ ھېسابلايتتى. بۇ ئارىدا ئۇنىڭ ئۈستىدە توقۇلغان گەپلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئېغىر بولغان گەپلەردىن بىرى، ئالويىس بىرىنچى ئايالى تېخى ئۆلمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر تاۋۇت تەييارلاپ قويۇپتۇ دېگەن سۆزلەر ئىدى.
كلارا بۇ ئائىلىنىڭ رەسمىي ئايال خوجايىنىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ھەممە ئىشلار دېگىدەك ئۆز يولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۆي ئىشىغا كەلگەندە كلارا ھەقىقەتەن چەبدەس بىر ئايال ھېسابلىناتتى؛ ئالويىسچىك بىلەن ئانگېلا ئىككىسىنى ھەقىقەتەن چىن قەلبىدىن سۆيۈنۈپ ئۆز بالىسى ھېسابلاپ كۆڭۈل بۆلەتتى. توي قىلىپ تۆت ئايدىن كېيىن ئۇمۇ بىر بالا تۇغۇپ بېرىدۇ؛ ئىككى يىلغا قالماي يەنە بىر قىز ۋە بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. كىچىك ئوغلى تۇغۇلۇپ نەچچە كۈن بولمايلا ئۆلۈپ قالىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، قالغان ئىككى بالىسىمۇ بوغما كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ پاجىئەلەرگە كلارا ھەقىقەتەن بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ھېلىمۇ ياخشى كىچىك ئالويىس بىلەن ئانگېلا ئىككىسى بار ئىكەن. كلارا بۇ ئىككى بالىغا ئانىلىق مېھرىنى بېرىپ ئانىلىق دەردىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ كېلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ يولدىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەكلا غەلىتە ئىدى. كلارا باشتىن تارتىپلا ئالويىسنى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر ئادەم دەپ تونۇپ كەلگەچكە، ئۆزىنىڭ ئۆي خىزمەتچىلىكىدىن ئاشنىلىققا، ئاشنىلىقتىن يەنە نىكاھلىق ئايالى بولۇشقا ئۆزگىرىش جەريانى سپىتاللىق ئادەتتىكى بىر سەھرا قىزى ئۈچۈن بەكلا مۇرەككەپ بىر جەريان ھېسابلىناتتى. شۇڭا ئۇ، بۇ ئىشلارغا تولا بەك ئەقىل ئىشلىتىپ بولالماي، يولدىشىنى يەنىلا تاغا دەپ ئاتاپ يۈرۈۋېرىدۇ.
ئۈچ بالىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، ئۇنىڭ ھامىلە بولۇشىغىمۇ يامان تەسىر كۆرسەتكەن بولسا كېرەك، تا 1889-يىلى 20-ئاپرېلغا كەلگەندىلا ئاندىن تۆتىنچى بالىسىنى تۇغالايدۇ (شۇ كۈنلەر مايېرلىڭدا شاھزادە رۇدولف ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان كۈنلەر ئىدى — ئا. ھ. ئى). بۇ يېڭى بوۋاق نەسەب جەھەتتە چارەك پىرسەن ھىتلېرلار سۇلالىسىغا، چارەك پىرسىنى ھىتلېرلارغا تەۋە بولمىغان شىكىلگرۇبېرلارغا مەنسۇپ، يەنە چارەك قىسمى بولسا پۆلزىللارغا تەۋە ۋە ئاخىرقى چارەك قىسمى بولسا ئېنىق بولمىغان سۇلالىلارغا مەنسۇپ بىرى ھېسابلىناتتى. چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى ژۇرنىلىدا ئۇنىڭ ئىسمى ئادولف ھىتلېر دەپ  يېزىلغان ئىدى. كلارا بۇ ھەقتە ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: “كىچىك ۋاقتىدا ئادولفىم بەكلا ئۇرۇق، كېسەلمەن بىر بالا ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭدىنمۇ ئايرىلىپ قالارمەنمۇ دەپ ھەر دائىم قورقۇپلا يۈرەتتىم.” ئەمما ئۇلارنىڭ ئايال خىزمەتچىسى ئەسلەپ، “ئادولف ئىنتايىن ساغلام، شوخ، ئىنتايىن بېجىرىم چوڭ قىلىنغان” دەپ پۈتۈنلەي ئاپىسىغا زىت گەپلەرنى قىلىدۇ.
نېمە بولسا بولسۇن، ھىتلېر خانىم بۇ ئوغلىنى بەكلا ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغان بولغاچقىمىكىن، بۇ بالا بەكلا ئەكە چوڭ بولىدۇ. ھىتلېر ئائىلىسىنىڭ پوممېر ئىن مېھمان سارىيىدىكى كۈنلىرى ئادەتتە بەكلا تىنچ ئۆتەتتى. ئاتا بولغۇچى ئالويىسمۇ پات-پات دوستلىرى بىلەن يىغىلىپ كۆڭۈل ئاچاتتى. شۇنىڭدەك يەنە ھەسەل ھەرىسى بېقىشقىمۇ بەكلا قىزىقاتتى. بۇ ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەپىلىشىشكە ئارتۇق ۋاقتىمۇ قالمايتتى. ئەمما بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ جىنسىي ھەۋىسىمۇ كۆپ جىمىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئەتراپتىكىلەرگە كۆز تىكىپ يۈرىدىغان ئادىتىمۇ ئاساسەن يوقالغان ئىدى. ئايال خىزمەتچىمۇ ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ “كىشىلەرگە قاتتىق مۇئامىلە قىلغاندەك قىلغىنى بىلەن، ھەممە كىشى بىلەن چىقىشىپ ئۆتەتتى” دەيدۇ. نامراتلارغىمۇ بەكلا يۇمشاق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەسىلەن، بىر كۈنى ئەندىلا يۇپ تازىلانغان پولنى پاسكىنا قىلماسلىق ئۈچۈن قىلچە نارازىلىق بىلدۈرمەي ئۆتۈكىنى سېلىپ ئۆيگە كىرگەن ئىدى، دەيدۇ ئايال خىزمەتچىسى. ئەمما تاموژنىدا يېڭىدىن مەسئۇل بولۇپ كەلگەن تەپتىشنىڭ قارىشىچە، ئالويىس ھىتلېر بەكلا سوغۇق چىراي ئادەم ئىكەن: “ئۇ بەكلا كاژ بولۇپ، بىرنى بىر دەپ قەتئىي چىڭ تۇرۇۋالاتتى. مىجەزىمۇ بەكلا غەلىتە بولۇپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش ھەقىقەتەن تەس ئىدى، … خىزمەت فورمىسىنى كىيىۋالسا مەغرۇرلىنىپ تېرىسىگە پاتماي قالاتتى. ھەر قېتىم يېڭى فورما كىيگىنىدە چوقۇم رەسىمگە چۈشۈپ ئۆزىنى كۆرسىتىۋېلىشقا ئۇرۇناتتى.”
ئادولف ئۈچ ياشقا كىرىپ تۆت ئاي ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئاتىسى يەنە بىر قېتىم دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئائىلىسى بويىچە پاسساۋغا كۆچۈپ كېتىدۇ. پاسساۋ دېگەن بۇ شەھەر خېلى چوڭ بىر شەھەر ھېسابلىناتتى. پوممېر ئىن ئېقىنىنىڭ سەل تۆۋەن تەرىپىدە، دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدىكى گېرمانىيە چېگراسى ئىچىدىكى بىر شەھەر بولۇپ، تاموژنا ئىشخانىسى ئەنە شۇ يەرگە جايلاشقان ئىدى. گېرمانىيە شەھەرلىرىنىڭ بىرىدە ئولتۇراقلىشىپ، نېمىس بالىلىرى بىلەن بىرگە ئويناپ چوڭ بۆلىشى، بالا ۋاقتىدىكى ھىتلېرغا مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئىدى. مەسىلەن، باۋارىيەنىڭ جەنۇبىدىكى نېمىس شېۋىسى ئۇنىڭ تىلى چىققان شېۋىسى ئىدى.8 ھىتلېر كېيىن شۇ كۈنلەرنى ئەسلىگىنىدە، ئۇ ۋاقىتلار ماڭا كۆڭۈللۈك بالىلىق دەۋرىمدىكى خاتىرىلىرىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىدۇ، دەيدۇ.
ھىتلېر خانىم ئۇزۇنغىچە ھامىلىدار بولمايدۇ. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، كلارا ئاجىز، ئۇرۇق ئوغلىنى بەستلىك، كۈچلۈك چوڭ قىلىمەن دەپ ئادولفنى نەچچە يىلغىچە ئەمچەكتىن ئايرىمىغانمىش. شۇڭا، ئۇ، بۇ ئوغلى 5 ياشقا كىرگىنىدىلا ئاندىن ئېدمۇند دېگەن ئوغلىنى تۇغقان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئادولفمۇ ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن چۈشۈپ ئاساسەن ئەركىن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغانمىش. ئالويىس ئائىلىسى كىچىك ئوغلى تۇغۇلغۇچە بولغان ۋاقىتلاردا يەنىلا شۇ پاسساۋ دېگەن يەردە ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، ئادولف يەرلىك نېمىس بالىلىرى بىلەن يەتكۈچە شوخلۇق قىلىپ ئوينايتتىكەن.
ئادولف، بۇنداق ئەركىن-ئازادە تۇرمۇش ئىچىدە يەنە بىر يىلنى ئۆتكۈزىدۇ. 1895-يىلى باھاردا، ھىتلېرلار ئائىلىسى خافېلدقا كۆچىدۇ. بۇ يەر لىنزنىڭ غەربى جەنۇبىدىن 30 مىل (بىر مىل 1609.3 مېتىرغا تەڭ — ئۇ. ت) يىراقتىكى كىچىك بىر كەنت ئىدى. ئۇلار تاغ يامزىلىدىن بىر يۈرۈش سەھرا ئۆيى بار 9 ئاكر (بىر ئاكر 4046.86 كۋادرات مېتىر — ئۇ. ت) يەر سېتىۋېلىپ جايلىشىدۇ. ئارىدىن بىر ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندە، 6 ياشقا كىرگەن ئادولف باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىلىدۇ. بۇ مەكتەپ ئۆيدىن بىر قانچە مىل يىراقلىقتىكى فىشلامدا ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئادولف ئاپىسىنىڭ بەكلا چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇشىدىنمۇ قۇتۇلۇپ مەكتەپ ھاياتىنى باشلايدۇ. ئۇ مەكتەپكە كىرىپ بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئاتىسى ئالويىس پېنسىيىگە چىقىدۇ. كىچىك ھىتلېر شۇندىن باشلاپ مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە بوي سۇنۇشىدىن باشقا، ئاتىسىنىڭمۇ قاتتىق باشقۇرۇشى ئاستىغا ئۆتىدۇ. بۇنداق چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇلۇۋاتقان ئادولف، ھەقىقەتەن باش كۆتۈرەلمەيلا قالىدۇ. ئۇنىڭ ئاتىسى 40 يىللىق مەمۇرى خىزمەتچىلىك ھاياتىدىن ئايرىلىپ يېزىغا كېلىشى بىلەن ئۆزىنى خېلىلا ئەركىن ھېس قىلىپ يۈرگەن. ئالويىس، بۇ يېزىدا كىچىك بولسىمۇ مۆتىۋەر بايىۋەتچى بىرى ھېسابلىناتتى.
ئۇلارنىڭ بۇ قورۇ جايى ئۈنچە بەك چوڭ ھېسابلانمىسىمۇ يېزا بويىچە ئەڭ چىرايلىق سېلىنغان بىنا بولۇپ، ئەتراپى ئالما-ياڭاق دەرەخلىرى بىلەن پۈركەلگەن بىر تاغ يامزىلىغا جايلاشقان ئىدى. قورۇنىڭ ئالدىدىن تۈپتۈز ياسالغان بىر ئۆستەڭ سۇ ئېقىپ ئۆتەتتى. سۈپسۈزۈك ئۆستەڭ سۈيى كۈن بويى شارقىراپ ئېقىپ تۇراتتى. بۇنداق مەنزىرىلىك بىر يەردە تۇرۇۋاتقان ئادولف، شۇنچە قاتتىق باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا قارىماي كۈنلىرىنى بەكلا كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگەنلىكى ئېنىق. قوشنىلارنىڭ بالىلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوينايتتىكەن. ئادولف مەكتەپ يولىدا ئاتا بىر ئانا باشقا ئۆگەي ھەدىسى ئانگېلا بىلەن بىرگە بىرەر سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈشىگە توغرا كېلەتتى. كىچىك بىر بالا ئۈچۈن بۇ يول ھەقىقەتەنمۇ ئۇزۇن بىر يول ھېسابلىناتتى. مەكتەپمۇ كىچىك بولۇپ، كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئىككى سىنىپلىق بىر بىنا ئىدى. سىنىپلارنىڭ بىرىدە ئوغۇللار، يەنە بىرىدە قىزلار ئوقۇيتتى. ھىتلېرلار ئائىلىسىنىڭ بۇ ئىككى بالىسىنى مەكتەپ مۇدىرى بەكلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ئىلمىي مۇدىر شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دېگەن: ئادولف “زېھنى ئۆتكۈر، ئوقۇتقۇچىلىرىغا بەكلا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەمما شوخ بىر بالا ئىدى. ھەمدە بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى كىتابلىرىنى سومكىسىغا رەتلىك سېلىپ يۈرۈشەتتى. ئۇلار ھەقىقەتەن ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچى ئىدى.”
“مېنىڭ دەسلەپكى كۆزقاراشلىرىم ئەنە شۇ دەۋرلەردىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغان، — دەيدۇ ھىتلېر «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتابىدا (بۇ كىتاب، ئەسلىدە ھىتلېرنىڭ تەرجىمىھالى قاتارىدىكى بىر كىتاب بولۇپ، كىتابتا نۇرغۇن ئىشلار بەكلا مۇبالىغىلەشتۈرۈپ بايان قىلىنغان) — دالالاردا يۈگۈرۈشۈپ مۆكىمۆكىلەڭ ئويناش، ئۇزۇن مەكتەپ يولىدا مېڭىش، بولۇپمۇ ئۇ يەردىكى شوخ يېزا بالىلىرى بىلەن بىرگە ئويناشلار، … مېنى زادىلا ئۆيدە تۇتۇپ تۇرالمايتتى.” ئادولف شۇ يېشىدىن تارتىپلا جاراڭلىق ئاۋازدا ئۆز مەقسىتىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان قابىلىيىتى بولغاچقا، ئۇزۇنغا قالماي كەنتتە “بالىلار يېتەكچىسى” گە ئايلانغان.
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە، ھىتلېرلار ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىدۇ. ئالويىس دېھقانچىلىقتىن خەۋىرى بولمىغاچقا پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى كۈنلىرى ئۇنىڭغا بەكلا زېرىكىشلىك تۇيۇلاتتى. 1896-يىلىنىڭ بېشىدا، پاۋلا ئىسىملىك يەنە بىر بالىسى دۇنياغا كېلىشى بىلەن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ قىيىنلىشىشقا باشلايدۇ. بەش بالىنىڭ غېمى، بولۇپمۇ ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئەتىدىن كەچكىچە يىغلاپلا تۇرۇشى، ھەممە بىر ئۆيگە قىستىلىپ قېلىشى، ئالويىسقا بۇ ئائىلە تارلىق قىلىشقا باشلاپ ئۆزىنى تېخىمۇ بەكرەك ھاراققا ئۇرۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى بۆلىشىمۇ مۇمكىن.9 شۇنىسى ئېنىقكى، ئالويىسنىڭ مىجەزى بەكلا تېرىككەك، بىر ئىشلارغا ئاسانلا خاپا بولۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ دەردىنى ھەر دائىم كىچىك ئالويىستىن چىقىرىۋالاتتى.  ئالويىس ئوغلىنى گەپ ئاڭلىماس بولۇۋالدىڭ دەپ پات-پاتلا تىللاپ سىلكىشلەيتتى، ئىككىسى پات-پاتلا گەپ تالىشىپ قالاتتى، ئوغلىمۇ ئاتىسىنىڭ دېگىنىگە ئۇنىماي تۇرۇۋالاتتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، كىچىك ئالويىس قاتتىق مەيۈسلەنگەن ھالدا دەرد ئېيتىپ، ئاتىسىنىڭ ئۇنى دائىم دېگۈدەك قامچىلاپ ئۇرىدىغان بولۇۋالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئۇ يىللاردىكى ئاۋسترىيە مۇھىتىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئۇرىدىغان ئەھۋال ئادەتتىكى ئىشلاردىن ھېسابلىناتتى. ھەتتا تاياق بالىنى ئوڭشايدىغان دورا دەپمۇ قارىشاتتى. دېمىسىمۇ كىچىك ئالويىس بەزىدە راستىنىلا ھەددىنى بىلمەي قالاتتى. مەسىلەن ئۇ بىر قېتىم ئويۇنچۇق كىيمە ياسايمەن دەپ ئۈچ كۈنگىچە مەكتەپكىمۇ بارماي ئوينىغان. بۇرۇنلاردا بالىسىنىڭ بۇنداق قىزىقىشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ كەلگەن ئالويىس، ئوغلى كىچىك ئالويىسنى قاتتىق جازالايدۇ. ھەتتا بىر قېتىم “ئۇنى پاتىڭىدىن تۇتۇۋېلىپ بېشىنى ھوشىدىن كەتكۈچە دەرەخكە ئۈستۈرگەن.” يەنە بەزى گەپلەردىن قارىغاندا ئالويىس ئوغلىنى ئۇرۇپ دەردىنى چىقىرالمىغان ۋاقىتلىرىدا بېرىپ “ئىتىنى ئۇرۇپ سىيدۈرۈۋېتەر ئىكەن”. كىچىك ئالويىسنىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا، ھەتتا ئىنتايىن مۇلايىم ئۆگەي ئاپىسىمۇ بەزىدە ئاتىسىغا بولۇشۇپ ئۇ ئىتقا بەكلا قوپاللىق قىلار ئىكەن. ئەگەر بۇ دېگەنلەر راست بولغىنىدا، بۇ ھادىسىلەر ئادولفقا مەڭگۈ ئۇنتۇلمىغۇدەك تەسىر قالدۇرغان بۆلىشى مۇمكىن.
ياش ئالويىسچىك ئۈچۈن، خافېلدتىكى تۇرمۇشقا بۇندىن ئارتۇق زادىلا تاقەت قىلغۇچىلىقى قالمىغان ئىدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ قاتتىق خارلىشى ئازلىق قىلغاندەك، ئۆگەي ئاپىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي تاشلىۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يۈرەتتى. شۇڭا ئۇ، ئادولفقىمۇ قاتتىق ئۆچ بولۇپ كەتكەن. 1948-يىلى، يەنى ئارىدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بىرىگە دەپ بەرگەنلىرىدىن قارىغاندا، كىچىك ئالويىس تا شۇ ۋاقىتلارغىچە ئادولفقا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئۇنۇتالماي دەرت تۆكۈپ بەرگەن: ئۇ ۋاقىتلاردا ئادولف نېمە قىلىمەن دېسە شۇنى قىلاتتى؛ كىچىكىدىن تارتىپلا تېرىككەك بىرى ئىدى. ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايتتى. “ئۆگەي ئاپاممۇ ھەر دائىم ئۇنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ كەلگەچكە، ئادولف نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ، قىلغان ئىشىدىن تاياق يېيىشتىن ئاپىسىنىڭ سايىسىدە قۇتۇلۇپ قالاتتى. ئەگەر ئادولف دېگىنىنى قىلدۇرالمىسا ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۆينى بېشىغا كىيەتتى. …  ئادولفنىڭ بىرمۇ ئاغىنىسى يوق، ھېچكىمنى ياخشى كۆرمەيدىغان مۇز چىراي؛ كىچىككىنە ئىشلارغا ئاچچىقلاپ جاھاننى بېشىغا كىيىدىغان بالا ئىدى.”
بۇ ئائىلىدە ئۆزىنى بەكلا ئېغىر يەكلەنگەن، ھېچ كىمنىڭ كارى بولماي تاشلىۋېتىلگەن دەپ ھېس قىلغان كىچىك ئالويىس، ئاتىسىنىڭ يولىنى تۇتۇپ 14 ياش ۋاقىتلىرىدا ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ تا ئاتىسى ۋاپات بولغان ۋاقىتقىچە بۇ يېزىغا پەقەتلا ئاياق باسمىغان. بۇنىڭدىن قاتتىق رەنجىگەن ئالويىسمۇ ئوغلىنىڭ مىراسىنى قانۇن رۇخسەت قىلىدىغان ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ ۋەسىيەت قالدۇرغان. ئۆگەي ئاكىسىنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشى بىلەن، ئادولفمۇ ئاتىسىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالىدىغان بىردىن-بىر بالىسىغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭغا بىر مۇنچە ئارتۇق ئىشلارنى يۈكلەشكە كىرىشىدۇ. ئەگەر ئادولف بۇ ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنداپ كېتەلمىسە شۇ ھامان تاياق يەيتتى. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ۋاقىت ئۆتكەندە، ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرىدىغان بۇ سەھرا بايۋەچچىسى يېزا ھاياتىغا رازى بولماي ئۈستىگە يۈك بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ يەردىكى يەر-زېمىنلىرىنى سېتىۋېتىپ بالىلىرىنى ئېلىپ بۇ يەردىن 6 مىل يىراقلىقتىكى لامباچ شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپ بۇرۇندىن ئادەتلىنىپ كەلگەن شەھەر تۇرمۇشى كۆچۈرۈشكە باشلايدۇ. ئۇلار ئاۋۋال لامباچتىكى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بېنېدىكتىنا موناستىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى گاستخوف لېينگارتنېر ناملىق مېھمانخانىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە يېرىم يىلدەك تۇرۇپ قالىدۇ.
داچىدىكى تۈگىمەس ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئادولف، بۇ يەردە ئارام تېپىپ كۈنىمۇ خېلىلا كۆڭۈللۈك ئۆتىدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ زامانىغا خاس مەكتەپتىكى ئوقۇشىمۇ ئالاھىدە ياخشىلىنىپ، نەتىجىسىمۇ كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. 1897~1898 ئوقۇش يىلىدىكى يىللىق ئىمتىھاندا ئەڭ يۇقىرى نومۇر ھېسابلىنىدىغان ئەلاچىلارغا بېرىلىدىغان 12 نومۇر دېگەن نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ ئالاھىدە جاراڭلىق چىقاتتى. شۇڭا ئۇ، بەزىدە چۈشتىن كېيىنكى بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ موناستىرنىڭ خور گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلاھىيەت ناخشىلىرىنى ئېيتىش كۇرسىغا قاتنىشىدۇ. پوپ بېمھالدېر گرۆنېر بۇ كۇرسىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. موناستىردىن ئۆيىگە قايتىش يولىدا بىر ئەگمە كۆۋرۈك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە موناستىرنىڭ قالقانسىمان قاپارتما خەتلىك كرېست بەلگىسى ھەيۋەت بىلەن ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
ئادولف ھەر قېتىم بۇ يەرگە كەلگىنىدە “ھەيۋەت بىلەن چاقناپ تۇرغان موناستىر ئىچىدىكى داغدۇغىلىق مۇراسىم تۈسى كۆز ئالدىغا كېلىپ ئۇنى مەست قىلىۋېتەتتى”. بۇ موناستىرنىڭ باش راھىبى ئۇنىڭ ھەۋەسلىنىدىغان مەبۇدىغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە دىنىي جەمئىيەتكە ئەزا بولۇپ كىرەلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولىدۇ. قىزىق يېرى، ئۇنىڭ بۇنداق خام خىيالىنى ئاتىسىمۇ ماختايتتى. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئاتىسى دىنغا قارشى بىرى ئىدى.12 كېيىنچە ئادولف، ھېلېنا خانفىستايىنگىل خانىمغا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن: “مەن بالا ۋاقىتلىرىمدىلا پاستور بولۇشقا ئالاھىدە ھەۋەس قىلاتتىم. شۇڭا ھەر دائىم ئاشخانا ئۆيىمىزدىكى خىزمەتچى ئايالنىڭ پەرتۇقىنى ئۆتنە ئېلىپ ئۈستۈمگە ئارتىۋېلىپ پوپ قىلىقىغا كىرىپ ئورۇندۇق ئۈستىگە چىقاتتىمدە، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ھاياجانلىق ۋەز ئېيتىپ كېتەتتىم.” ئىخلاسمەن ئاپىسىمۇ ئوغلىنىڭ بۇنداق بىر كەسىپنى تاللىۋېلىشىنى بەكلا خالايتتى، ئەلۋەتتە. ئەمما ئادولفنىڭ موناستىرغا بولغان قىزغىنلىقى قانچە تىز پەيدا بولغان بولسا شۇنچە تىز غايىب بولىدۇ. ھەتتا ئۇ بىر قېتىم تاماكا چېكىۋاتقىنىدا باشقىلارغا تۇتۇلۇپمۇ قالىدۇ.
(سخىما ئورنى: ھىتلېرلار جەمەتىنىڭ شاخلىنىشى 10ـ11)
بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىككى قەۋەتلىك بىر بىناغا كۆچكەن بولۇپ، بۇ ئۆي بۇرۇنقىسىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا چوڭ، ئازادە ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئۆيى بىر زاۋۇتقا تام قوشنا ئىدى. ھەر دائىم تەۋەككۈلچىلىك ئويۇنلارنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان شوخ بىر بالا ئۈچۈن بۇ يەر راستىنىلا بەكلا مۇۋاپىق قوماندانلىق شتاب بولۇپ بېرىدۇ. ھىتلېرغا ئۇ يەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئامېرىكا “غەرب كوۋبوي نوچىلىرى (پادىچىلىرى) بىلەن ھىندىيانلار” رولىنى ئوينايدىغان ئەڭ مۇۋاپىق ئۇيۇن سورۇنى بولۇپ بېرەتتى. زاۋۇت خوجايىنلىرى (ئەر-ئايال) نىڭ نەزىرىدە ئادولف “كىچىك لۈكچەك” ئىدى. دېمىسىمۇ، ئۇنى ئۆيدىن تاپقىلى بولمايتتى، نەدە بىر جېدەل بولىدىكەن، ئادولف چوقۇم شۇ يەردە، شۇنىڭدەك ھەر دائىم نەشپۈت دەرىخىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشىغا باشچىلىق قىلاتتى ياكى باشقا ناچار ئىشلارغا باش بولۇپ بېرەتتى.  ئۇ ھەر دائىم ئۈستى-بېشى يىرتىلغان، ئۇ يەر-بۇيېرى يارىلانغان “رەسمىي ياۋايى” قىياپەتتە ئۆيىگە كىرىپ كېلەتتى.
ھېچقانداق بىر ئىشتىن خاتىرجەم بولالماي يۈرگەن ئالويىس ئۈچۈن لامباچتىكى كۈنلىرىمۇ ئۇنىڭغا زېرىكىشلىك تۇيۇلىدۇ. شۇڭا، ئۇ 1899-يىلى لىنز شەھەر رايونىدىكى لېئوندىڭ كەنتىدىن راھەت ياشاشقا بولىدىغان بىر قورۇ-جاي سېتىۋېلىپ كۆچۈپ بېرىۋالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ يېڭى قورۇسى شۇ يەرنىڭ قەبرىستانلىق قورۇق تېمى يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئۆي ئادەتتىكى ئۆيلەردەك ئازادە ھېسابلانمىسىمۇ ئۆي ئالويىسنىڭ كۆڭلىگە بەكلا ياقاتتى. لېئوندىڭنىڭ نوپۇسى ئۈچ مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆيىنىڭ يېنىدا بىر تىياتىرخانا، بىر كۇلۇب ھەمدە لىنزنىڭ ھەشەمەتلىك ھۆكۈمەت بىناسى جايلاشقان ئىدى. شۇڭا ئۇ يەرنىڭ مۇھىتى خېلىلا مەدەنىيەتلىك، خەلقىمۇ ئۆزئارا ئىناق ئۆتەتتى.
ئادولف، ئۆگەي ئاكىسى ئالويىسچىك ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىدىن كېيىن ئاتىسىنىڭ چىڭ تۇتۇپ تەربىيىلەيدىغان ئاساسلىق بالىسىغا ئايلىنىدۇ. پاۋلا ھىتلېر ئۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئادولف “ھەر دائىم ئاتامنى تېرىكتۈرۈپلا يۈرەتتى. شۇڭا ئۇ دائىم دېگۈدەك ئاتامدىن تاياق يەيتتى. ئۇ ھەرگىز تۈزەلمەيدىغان چىك لۈكچەك ئىدى. ئاتام ئۇنى ھەر قانچە ئۇرۇپ، ھەر قانچە ئەدەپلەپ، مەجبۇرلاپمۇ مەمۇرى خىزمەتچىلىكنى ياخشى كۆرىدىغان قىلالمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئاپاممۇ ئۇنى بەكلا ئەركىلىتىپ، ئۇنىڭ ئاتا مېھرىدىن مەھرۇم بولغان روھىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشاتتى” دەيدۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئادولف ئاتىسىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆيدىن قېچىپ كەتمەكچىمۇ بولغان. ئالويىس ئوغلىنىڭ بۇ پىلانىدىن خەۋەر تېپىپ قېلىپ، ئۇنى بالكون قەۋىتىدىكى قازناققا سولاپ قويغان. ئادولف، ئاخشىمى تۈڭلۈك پەنجىرىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىلىرى ئارىسىدىن قىستىلىپ چىقىپ قاچماقچى بولۇپ ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ پەنجىرىگە بويى يەتمەي ھەم پاتماي قالغان. ئاخىرى ئۇ يالىڭاچلىنىپ پەنجىرىگە ئېسىلىپ ئەركىنلىككە ئېرىشىشكە ئاز قالغان پەيتىدە ئاتىسىنىڭ پەلەمپەيدىن يۇقىرى چىقىپ كېلىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرھال دېرىزىدىن تاقلاپ چۈشۈپ كىيىملىرىنى كىيىشكە ئۈلگۈرەلمەي يالىڭاچ بەدىنىنى داستىخان بىلەن ئورىۋالغان. بۇ قېتىم ئالويىس ئوغلىنى قامچىلاپ ئۇرۇپ جازالاش ئورنىغا قاقاقلاپ كۈلگىنىچە دەرھال كلارانى چاقىرىپ “ئاق كېپەنگە ئورىنىۋالغان ئوغلۇڭنىڭ ھالىغا قارا” دەپ ئادولفنى قاتتىق مازاق قىلغان. ئاتىسىنىڭ بۇنداق مازاق قىلىپ كۈلگىنى ئادولفقا تاياقتىن بەتتەر ئېغىر كەلگەن. ھىتلېر بۇ ئىشنى خېلى ۋاقىتلارغىچە ئېسىدىن چىقىرالماي، كېيىنكى بىر كۈنلەردە بۇ ئىشنى خانفىستايىنگىل خانىمغا پىچىرلاپ ئېيتىپ بېرىدۇ: “مەن بۇ سەتچىلىكنى ئۇزۇنغىچە ئېسىمدىن چىقىرالمىغانىدىم.”
خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يېنىدىكى كاتىپلىرىدىن بىرىگە مۇنداق بىر ئىشنى ئېيتىپ بېرىدۇ: شۇ كۈنلەردە، مەن تاياقتىن قورقماسلىق قەھرىمانلىقنىڭ بىر ئىپادىسى دەيدىغان بىر ھېكايىنى ئوقۇغانلىقىمنى ئېسىمگە كەلتۈردۈم. “شۇندىن كېيىن مەن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، بۇندىن كېيىن ئاتام مېنى ئۇرغىنىدا چىشىمنى چىشلەپ ھەرگىز يىغلىمايمەن دەپ ئۆزۈمگە ئۆزۈم قەسەم قىلدىم. دېگەندەك، ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتمەيلا مەن بۇنداق ئىرادەمنى سىناش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. يەنى ئاتام مېنى پالاق جازاسىغا تۇتقان ئىدى. ئاپام قورققىنىدىن يۈگۈرگىنىچە تالاغا چىقىپ يوشۇرۇنۇۋالغان ئىدى. مەن بولسام ئاتامنىڭ ئۇرغان تايىقىغا قىلچە پىسەنت قىلماي سۆڭگىچىمگە چۈشۈۋاتقان پالاق سانىنى بىر خىيالدا يوق ساناپ تۇرۇپ بەردىم.”13 ھىتلېر، مەغرۇرلانغان ھالدا، شۇ كۈنىدىن كېيىن ئاتىسى ئۇنىڭغا پەقەتلا تەگمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
ئادولف ئەندىلا ئون بىر ياشقا كىرگىنىگە قارىماي، ئۇنىڭ ئۇرۇق يۈزىدە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان قانداقتۇر بىر ئىپادىلەر ئەكس ئەتكەندەك كۆرۈنەتتى. شۇ يىلى لېئوندىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە چۈشكەن رەسىمىدە ئۇ ئەڭ يۇقىرىقى رەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان بولۇپ، قالغان ساۋاقداشلىرىدىن نەچچە سانتىمېتىر ئېگىز كۆرۈنەتتى. رەسىمدىكى شاكىچىك ئادولف غادايغىنىچە ئىككى قولى مەيدىسىدە تىك تۇرغىنىچە تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ھەقىقەتەن ئىسيانكار روھقا ئىگە بەكلا مەغرۇر كۆرۈنەتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەقىقەتەن سىنىپىنىڭ ئەڭ ئەقىللىق بالىسى ئىدى. ئۇ ئوقۇشتا قىلچىمۇ قىينالمايتتى. شۇنىڭدەك يەنە ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە بىر قابىلىيىتىنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇ، رەسىم سىزىش قابىلىيىتىگىمۇ ئىگە ئىدى. 1900-يىلى 26-مارت كۈنى سىزغان ۋاللېنستېيندا تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە رەسىمىدىن كۆرۈۋېلىشقا بۆلىدىكى، ئۇنىڭ رەسساملىق تالانتى ھەقىقەتەن دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى. سىنىپتا دەرس ۋاقتىدا يوشۇرۇن رەسىم سىزىپ ئولتۇراتتى. بىر قېتىم ۋېينبېرگېر ئىسىملىك بىر ئوغۇل ساۋاقدېشى ئۇنىڭ شاۋۇمبېرگ قەلئەسىنى يادىدا قالغىنىچە تولۇق سىزىپ چىققىنىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىدا ئاغزى ئېچىلىپلا قالغان.
تەنەپپۇس ياكى مەكتەپتىن قايتقان ۋاقىتلىرىدا ئۇ يەنىلا ساۋاقداشلىرىنىڭ بېشى ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىرگە كۆچۈپ يۈرۈپ ياشىغان جايلار شۇنچە كۆپ ئىدىكى، ساۋاقداشلىرى ئۇنداق يەرلەرنى ياشاش تۇرماق، ھەتتا بىر ئۆمۈر كۆرگەن يەرلىرىمۇ ئۇنىڭ ياشىغان يەرلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە يەتمەيتتى. شۇڭا، ساۋاقداشلىرى ئادولفقا كۆپنى كۆرگەن چوڭ ئادەم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشاتتى.
دوستلىرى بىلەن بىرگە ئوينىغان ۋاقىتلىرىدا ئۇ ھەر دائىم فېنىمور كوپېر ۋە ئۇنىڭ تەقلىدچىسى بولغان نېمىس يازغۇچى كارل ماينىڭ سەرگۈزەشت رومانلىرىدىكى ۋەقەلەرنى تەقلىد قىلىپ ياكى شۇلاردىن ئىلھام ئېلىپ ئوينايتتى (ئادولف بۇنداق ھېكايىلەرنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقۇيتتى). يازغۇچى كارل ماي ھېچقاچان ئامېرىكىغا بېرىپ باقمىغان بولىشىغا قارىماي، ئۇنىڭ پەزىلەتلىك ھىنديانلار بىلەن بەستلىك پادىچى كوۋبوي نوچىلىرى ھەققىدىكى ھېكايىلىرى گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەدىكى بالىلارنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد چوقۇنۇپ ئوقۇيدىغان ئىنجىلىغا ئايلانغان ئىدى. ئادولف، بۇ ھېكايىلەردىكى شاتتېرخاند بوۋاي بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ تەۋەككۈلچىلىكلىرىدىن بەكلا سېھىرلىنىپ كېتەتتىكەن. ئۇ، ساۋاقداشلىرىغا باشلامچىلىق قىلىپ بۇ تۈردىكى ئويۇنلارنى ئويناشتىن ھەرگىز زېرىكمەيتتىكەن. يېشى چوڭراق ساۋاقداشلىرى بۇنداق ئويۇنلاردىن زېرىككىنىدە، كىچىكرەك ساۋاقداشلىرىنى تەشكىللەپ بۇ ئويۇنلارنى داۋاملاشتۇراتتى. ھەتتا بەزىدە بۇ ئويۇنلارغا قىزلارنىمۇ قوشۇۋالاتتى.
تەخمىنەن شۇ دەۋرلەردە، ئۇ 1870-يىلقى پروسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن ژۇرناللار ئارىسىدىن تېخىمۇ قىزىققارلىق نەرسىلەرنى تېپىۋالىدۇ. ئادولف، بۇ ژۇرناللاردىكى ھېكايە ۋە چاتما رەسىم ھېكايىلىرىنى زېرىكمەي كۆرىدۇ. “ئۇزۇنغا قالماي، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئۇلۇغ ھەرىكەت روھىي دۇنيايىمنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى ئەڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندى. … شۇندىن ئېتىبارەن ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ياكى ھەربىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرگە بارغانسېرى قىزىقىدىغان بولدۇم.” («كۈرەش يولۇم» غا قارالسۇن. بۇ كىتاب، سىياسىي مەقسەتنى دەپ بەزى يەرلىرىدە پاكىتلار بەكلا بۇرمىلاپ كۆرسىتىلگەن).
بىر يىل ئاۋۋال پارتلىغان بوئېر ئۇرۇشى، ئادولفنىڭ قەلبىدە گېرمان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇش بىلەن قالماي، ئۇنىڭ ئويۇن ئوينىشى ئۈچۈنمۇ تۈرتكىلىك ماتېرىيال بولۇپ بېرىدۇ. ئۇ، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان “ئارمىيىسى” بىلەن، ئەنگلىيە ئەسكىرى بولۇشقا تاللىنىپ قالغان تەلەيسىز قارشى سەپتىكى ساۋاقداشلىرىغا قارشى سائەتلەرچە “شىددەتلىك ھۇجۇم” قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ دادىسىغا موخوركا ئالغىلى چىققان ئادولف بۇ ئويۇننى تاشلاپ كېتىشكە كۆزى قىيماي، ئاتىسىنى تاماكىغا يولغا سالغان ئوغلىنى ساقلاپ غەزەپلىنىپ سائەتلەپ قۇرۇق غاڭزىسىنى چىشلىگىنىچە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر قالدۇراتتى. ۋېينبېرگېرنىڭ ئۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ دېيىشىدىن قارىغاندا، بۇنداق كۈنلەردە ئادولفنى ئۆيىدە كۈتىدىغىنى “قىزغىن تاياق مۇراسىمى” بولاتتىكەن. بۇ تەۋەككۈلچىلىك كۈنلەر بەلكىم ھىتلېرنىڭ خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن بۆلىشى مۇمكىن. “ئورمانلىق ۋە چاتقاللىقلار — دەپ يازىدۇ ھىتلېر، — ھاياتىمدا دائىم دۇچ كېلىپ تۇرىدىغان 'توقۇنۇشلار' دىكى يېڭىش-يېڭىلىشىمنى كۆزدىن كۆچۈرۈشۈمدە ئىنتايىن مۇھىم بىر مۇھىت بىلەن تەمىنلەپ بەرگەن ئىدى.”
شۇ يىلى، 6 ياشلىق ئېدمۇند قىزىل چىقىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. تۆت بالىسىنىڭ ئۆلۈمى كلارانى تۈگەشتۈرۈپلا قويىدۇ. ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا كىچىك ئالويىسنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە بۇ ئائىلىنىڭ فامىلىسىگە ۋارىسلىق قىلالىغۇدەك ئوغۇلدىن يالغۇز ئادولفلا قالغان ئىدى. گەرچە ئادولف ئۇزۇنغا قالماي باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ ئائىلە ئىچىدىكى جىدەللەر ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.14 ئاتىسى ئالويىس ئوغلىنى ئۆزىگە ئوخشاش بىر دۆلەت كادىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇڭا ئۇ ھەر دائىم ئوغلىغا كادىرلىق ھاياتى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىپ ئوغلىنى بۇ ئىشقا قىزىقتۇرۇشقا ئۇرۇناتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئوغلى بولغان ئادولف بولسا پۈتۈن خىيالى رەسسام بولۇپ يېتىشىپ چىقىشتىلا قالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئىنقىلاب پىلانلىرىنى ۋاقتىنچە قەلبىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە كۆمۈپ قويىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا تالاش-تارتىش قىلمايلا ئاتىسىنىڭ كېيىنكى ئوقۇتۇش پىلانىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ چاغدا ئادولف كلاسسىك گىمنازىيە مەكتىپىدە ئوقۇشى (ئالىي مەكتەپ ئوقۇشى ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان كلاسسىك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى ئادەتتىكى تولۇقسىز-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشى) ياكى بولمىسا كەسپى ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشى (ئاساسلىقى پەن-تېخنىكا دەرسى ئالىدىغان كەسپى مەكتەپ ئوقۇشى) دىن بىرنى تاللىۋېلىشىغا بولاتتى. رېئاللىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئالويىس ئوغلىنىڭ كەسپى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشىنى ماقۇل كۆرىدۇ. ئادولفمۇ، بۇنداق مەكتەپلەردە رەسىم دەرسى بار دەپ ئويلىغاچقا دادىسىنىڭ بۇ قارارىغا ئۈن چىقارمايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ يېقىندىكى كەسپى ئوتتۇرا مەكتەپ لىنزدىكى مەكتەپ ھېسابلىناتتى. 1900-يىلى 17-سېنتەبىر كۈنى، ئادولف كۆك رەڭلىك مەكتەپ سومكىسىنى مۈرىسىگە ئېسىپ تۇنچى قېتىم ئۆزى يالغۇز يولغا چىقىدۇ. ئۆي بىلەن مەكتەپ ئارىلىقى بەكلا يىراق بولۇپ، ئۈچ مىلدىن ئارتۇق يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. ئۇ يول بويى ئەتراپنى تاماشا قىلىپ يېرىم يولغا كەلگىنىدە ئالدىدا سوزۇلۇپ ياتقان لىنز شەھىرى بىلەن دوناي دەرياسىنى كۆرىدۇ. شۇ يېشىغىچە ئۇششاق يېزا-كەنتلەردە ياشاپ كەلگەن بىر بالىغا نىسبەتەن، ئالدىدىكى بۇ مەنزىرە ھەقىقەتەن ھەيۋەتلىك ۋە سىرلىق كۆرۈنۈشى ئېنىق. يىراقلاردا، ئېگىز تۆپىلىكتە دۇنياغا داڭلىق كۈرنبېرگ قورغىنى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئېيتىشلاردىن قارىغاندا نىبېلۇڭگېنليېدېر شېئىرى (گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى بىر داستانى) دەل شۇ قەلئەدە يېزىلغان ئىكەن. ھازىر ئۇ يەردە قاتار كەتكەن چېركاۋلارنىڭ ئۇچلۇق مۇنارلىرى بىلەن قاتار-قاتار تىزىلغان ھەيۋەتلىك بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئادولف، تاغ ئارىسىدىكى ئەگرى-بۈگرى تار چىغىر يولدىن ئايلىنىپ تۆۋەنلەپ شەھەر مەركىزىدىكى كەسپى ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ كېلىدۇ. مەكتەپ بىناسى تۆت قەۋەتلىك قاپ-قارا بىر بىنا بولۇپ، تار بىر كوچا بويىغا جايلاشقان ئىدى. مەكتەپ بىناسىنىڭ كۆرۈنۈشى مەكتەپكە قارىغاندا بىرەر مەمۇرى ئىشخانىغا بەكرەك ئوخشايتتى: بىنا ئىشلىتىشكە ئەپلىك ئەمما بەكلا سۈرلۈك كۆرۈنەتتى.
ئادولفنىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىسى ھە دېگەندىلا كۆرىنەرلىك ناچارلىشىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئەمدى بالىلارنىڭ بېشىمۇ ئەمەس ئىدى، شۇنىڭدەك سىنىپتىكى ئەڭ ئۆتكۈر، ئەڭ ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچىمۇ ھېسابلانمايتتى؛ ئۇ، بۇنداق بىر مۇھىتتا كۆڭلى بەكلا سىقىلىپ كېتىدۇ. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە سەھرادىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى بەك كۆزگە ئىلىپمۇ كەتمەيتتى؛ ئۇنىڭ كىچىك يېزا مەكتىپىدە كۆرگەن ئەتىۋارلىنىشلار بۇنداق چوڭ مەكتەپلەردە پەقەتلا يوق ئىدى. ئۇ، بۇرۇنقى مەكتىپىدە سىنىپ بويىچە چۈشكەن رەسىملەردە بىرلا قارىسا كۆزگە چېلىقىدىغان ئەڭ ئۈستى تەرەپتە كۆرۈنەتتى. مانا ئەمدى سىنىپنىڭ بىرلىكتە چۈشكەن رەسىمى ئىچىدىن ئۇنى ئالدىراپ تاپقىلىمۇ بولمايدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ يەردە ئەتىۋارلىنىپ ئۆسكەن ئەكە بالىنىڭ ئورنىغا قوپال، كۆرۈمسىز بىرى ئالمىشىپ قالغاندەكلا ئىدى.
ئادولف بۇ مەكتەپتە ئاستا-ئاستا تارتىنچاق، جىمىغۇر بولۇپ ئۆزگىرەيدۇ. بۇ يەردە ئۇنى دەرسلەرمۇ بەك قىزىقتۇرالمايدۇ. “ئەگەر مەن بۇ مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقۇمىسام، دادام ياخشى نەتىجە ئالالمىغانلىقىمدىن خەۋەر تېپىپلا قالسا، مەيلى خالىسۇن-خالىمىسۇن مېنى ئاخىرى بىر كۈنى ئۆز ئىختىيارىمغا قويۇپ بېرىدۇ دەپ ئويلايتتىم.” ھىتلېر «كۈرەش يولۇم» كىتابىدا نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىر ھېسابتا ئەنە شۇنداق باھانە كۆرسىتىپ چۈشەندۈرمەكچى بولىدۇ. يەنى ماتېماتىكا، تەبىئىي پەنلەر، تارىخ قاتارلىق دەرسلەردە لاياقەتسىز بولۇپ سىنىپتىن قېلىشىنى ئەنە شۇنىڭ بىر باھانىسى ياكى سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. ھىتلېرغا ھاقارەت قىلماقچى بولغان كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ كەمچىلىكىنى باھانە قىلىپ ھىتلېر ئەسلىدىنلا ھۇرۇن، دۆت بىرى ئىدى دېيىشەتتى. ئەمما ئۇنىڭ بۇنداق تىرىشماسلىقى بەلكىم ئاتىسىدىن ئۆچ ئېلىشنىڭ بىر شەكلى، ھېسسىياتىنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر ئالامىتى ياكى قىزىقمايدىغان دەرسلەرگە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەسلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
كېيىنكى يىلى، ئادولف تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ دەرس نەتىجىلىرى تېزلىكتە ياخشىلىنىدۇ. ئۇنىڭ يېشى قالغان ساۋاقداشلىرىغا قارىغاندا سەل چوڭراق بولغاچقا، ئۇزۇنغا قالماي ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا قايتىدىن باشلامچىلىق ئورنىغا ئۆتىدۇ. “بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئامراق ئىدۇق، دەرسلەردە، بىرگە ئويۇن ئوينىغان ۋاقىتلاردا بىز ھەممىمىز ئۇنى ياخشى كۆرەتتۇق. — دەيدۇ جوزېف كېپلىڭگېر، — ئۇ ھەقىقەتەن سېھىرلىك بىرى ئىدى. ئۇ ئادەتتە بەك ئاسان ئاچچىقلىنىپمۇ كەتمەيتتى. نۇرغۇنلىرىمىزغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنى مېھرىبان، ئاق كۆڭۈل دېيىشىمىز مۇمكىن. ئۇنىڭ مىجەزى ئادەتتە بەكلا ئۆزگىرىشچان بولۇپ، ئاسانلىقچە بىر خىل تۇرمايتتى. ئۇ، جىمىغۇر، تەرسا مىجەزلىك بىرى ئىدى.”
ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنى ئويۇن ئويناشقا قالتىس ماھارەت بىلەن يېتەكلىيەلىشى نەتىجىسىدە، ساۋاغداشلىرى دەرستىن چۈشكەندە ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا دوناي دەرياسى بويىدىكى چىمەنلىكلەردە “كوۋبوي نوچىسى ۋە ھىندىئانلار ئۇرۇشى” ئوينىشاتتى.15 دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ، ئادولف بالىلارنى بىر يەرگە يىغىۋېلىپ بوئېر ئۇرۇشى ھەققىدە ھېكايە ئېيتىپ بېرەتتى، شۇنىڭدەك يەنە ئۆزى سىزغان بوئېر قەھرىمانلىرى رەسىمىنى ساۋاقداشلىرىغا كۆرسىتىپمۇ تۇراتتى. ھەتتا ئۇ بوئېرلار قوشۇنىغا بېرىپ قوشۇلۇپ ئۇرۇش قىلىش خىيالىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئېيتاتتى. بۇ ئۇرۇش، ئۆسمۈر ھىتلېرنىڭ قەلبىدە نېمىس ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئەسلىدە بۇنداق ھېسسىياتلار نۇرغۇنلىغان ئوغۇل ساۋاقداشلارغا ئورتاق بىر ھېسسىيات ئىدى. “بىز ئۈچۈن بىسمارك، مىللىتىمىزنىڭ بىر قەھرىمانى ھېسابلىناتتى. — دەيدۇ كېپلىڭگېر ئەسلەپ، — بىسماركنىڭ قەھرىمانلىقىنى مەدھىيىلەيدىغان ناخشىلار، ھەمدە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ناخشىلار، ئېيتىش چەكلەنگەن ناخشىلار قاتارىغا كىرەتتى (ھايدن يازغان ئاۋسترىيە مارشى بىلەن گېرمانىيەنىڭ خەلق ناخشىسى «گېرمانىيە ھەممىدىن ئۈستۈن» دېگەن ناخشىنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتەتتى. ئاۋسترىيەدە گېرمانپەرەستلەر ئادەتتە نېمىسلار مەدھىيىلىنىدىغان ناخشىلارنى ئېيتىشاتتى. ھەتتا سالاملاشقانلىرىدىمۇ ئۆز ئىچىدە بىر-بىرىگە نېمىسچە “ياشىسۇن! — خايل” — دەپ سالام بېرىشەتتى — ئا. ھ. ئى). ئادەتتە بىرەر پارچە بىسمارك رەسىمىنى يېنىدا ساقلاشمۇ جىنايەت ھېسابلىناتتى. گەرچە ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆز ئىچىدە بالىلاردىكى مىللەتچىلىك روھىنىڭ ياخشى بىر ئىش ئىكەنلىكىنى سۆزلەشسىمۇ، كىمىكى بۇ تۈردىكى ناخشىلارنى ئېيتىشقا ياكى كىمدە كىم ئاۋسترىيەگە بولغان ساداقىتىگە زىيانلىق سۆزلەرنى قىلىشقا پېتىنىدىكەن، دەرھال ئۇلارنىڭ ئەدەپلىشىگە ئۇچراپ تۇراتتى.”
بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئادولف باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك گېرمانىزم ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلىۋالغان بىرى ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم ئاتىسىغا خائىنلىق قىلىشىنىڭ بىر ئىپادىسى بۆلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئاتىسى ھابسبۇرگ خانىدانلىقىنىڭ سادىق ھىمايىچىسى ھېسابلىناتتى. بىر قېتىم كېپلىڭگېر دەرستىن چۈشۈپ ئادولف بىلەن بىرگە ئۆيىگە قايتىدۇ. ئۇلار ئىككىسى تار قىيالىق يوللاردىن مېڭىپ كاپۇزىنېرستراس كوچىسىغا قاراپ كېتىۋېتىپ تاغ چوققىسىغا يېتىپ بارغىنىدا ھىتلېر بىر چېركاۋنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قالىدۇ.
“سەن گېرمان قېنىدىن تۈرۈلگەن ئەمەسكەنسەن. — دەيدۇ گېپىنى ئۇدۇللا قىلىپ، — سېنىڭ چاچلىرىڭ قارا، كۆزۈڭمۇ قارا.” ئادولف مەغرۇر بىر قىياپەتتە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارايدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرى قارا رەڭدە ئەمما چېچى سۇس قوڭۇر ئىدى (كېپلىنگېرنىڭ دېيىشى بويىچە).
ئۇ ۋاقىتلاردا نېمىس ئەپسانىلىرىدىكى قەھرىمانلارمۇ ھىتلېرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان ئىدى. ئەندىلا 12 ياشقا قەدەم قويغان ھىتلېر لىنز تىياتىرخانىسىدا ۋاگنېرنىڭ «لوخېنگرىن» (گېرمانىيە رىۋايەتلىرىدىكى بىر ئەپسانىۋى رىتسار قەھرىمان ئوبرازى) دېگەن ئوپېراسىنى كۆرىدۇ. بۇ ئوپېرادىكى نېمىس تۇيغۇسى بىلەن ئوپېرانىڭ مۇزىكىسى بالا ھىتلېرنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالىدۇ. بولۇپمۇ ئوپېرادىكى پادىشاھ ھېنىرگنىڭ رىتسارلىرىغا ئېيتقان گېپى ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئىرقچىلىق، مىللەتچىلىك ھېسسىياتىنى كۈچلۈك ئۇرغۇتىدۇ:
ئىمپېرىيە دۈشمەنلىرى ئالدىمىزغا تىكلەندى،
قىلىچ نەيزىلىرىمىزنى ئۇلارغا قاراتتۇق.
شەرقتىكى چۆللۈكتىن تۈزلەڭلىككىچە،
دۈشمەنلىرىمىز بىر غېرىچمۇ ئىلگىرىلىيەلمىدى.
نېمىس تۇپراقلىرىنى نېمىس قىلىچى قوغدايدۇ،
ئىمپېرىيىمىزنىڭ ھەيۋىسى تەۋرەنمەستۇر!
ئادولف، بۇ مەۋسۈمدە دەرسلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك لاياقەتلىك دېگەن نەتىجە ئالىدۇ. ئەدەپ-ئەخلاق نەتىجىسى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش دەرىجىسىدە يەنە “ياخشى” ۋە “ئەلا” دېگەن نەتىجىلەرگىمۇ ئېرىشىدۇ. ئەمما ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇش باشلانغان كۈنىدىن تارتىپلا دەرسلەرگە يېتىشەلمەي قالىدۇ. ئۇنىڭ ماتېماتىكا دەرس نەتىجىسى قايتىدىن لاياقەتسىز بولۇپ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش دەرىجىسىمۇ “ئورتا” سەۋىيىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئەمما روژدېستۋو بايرىمىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر مەكتەپتىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىدۇ.
1903-يىلىنىڭ 3-يانۋار كۈنى، ئاتىسى ئالويىس خۇددى باشقا كۈنلەردىكىدەك ئەتىگەنلا ئۆيىدىن چىقىپ سىتانپىل قاۋاقخانىسىغا يۈرۈپ كېتىدۇ. ئۇ قاۋاقتا ئەندىلا بىر ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۇشىغا مىجەزى بولالماي قىڭغايغىنىچە يېقىلىپ چۈشىدۇ. بىر قانچە مىنۇت ئۆتمەيلا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. — ئالويىس، يۈرەك پەردىسى يىرتىلىپ ئۆلگەن ئىدى.
ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ ئۆيىنىڭ يېنىدىكى چېركاۋ قەبرىستانلىقىغا كۆمۈلىدۇ. ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا بۇ پېشقەدەم تاموژنا خادىمىنىڭ سوقىچاق رەسىمى16 — مەغرۇر قىياپەتتە ئالدىغا تىكىلىپ چۈشكەن رەسىمى ئورنىتىلىدۇ. لىنزدىكى «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىدە ئۆلگۈچىنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئۈستىدە توختالغان قىسقا خەۋەردە ئالويىسقا مۇنداق باھا بېرىلگەن ئىدى: “ئۇنىڭ ئارىلاپ دەيدىغان ئۆتكۈر سۆزلىرى ئۇنىڭ قوپال كۆرۈنۈشلۈك ۋۇجۇدىدىكى قەلبىنىڭ يۇمشاقلىقىنى ھەرگىز كۆمۈۋېتەلمەيدۇ. ئۇ ئەزەلدىن قانۇن-ئىنتىزامنىڭ سادىق ھىمايىچىسى بولغان، بېشىدىن بەكلا كۆپ ئىشلارنى ئۆتكۈزگەن تەجرىبىلىك بىرى ئىدى، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەققانىيەت تەرەپتە ئىدى.”

2
ئالويىس، ئادەتتە كىشىلەر دەپ يۈرگىنىدەك ئائىلىسىگە ئۇنچىۋالا كەمبەغەل تۇرمۇش مىراس قالدۇرۇپ كەتكەنمۇ ھېسابلانمايتتى. ئۇ ۋاپاتىغا قەدەر ئېلىۋاتقان پېنسىيە مائاشى يىلىغا 2420 كرونېن بولۇپ، بۇ پۇلنى ئادەتتىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرىمۇ ئالالمايتتى. ئۇنىڭ قالدۇرغان مىراسلىرىدىن يېرىم پېنسىيە پۇلىدىن باشقا يىللىق پېنسىيە پۇلىنىڭ تۆتتە بىرىگە تەڭ ياردەم پۇلىمۇ بىراقلا تۆلەنگەن ئىدى. بۇلاردىن باشقا ھەر بىر بالا ئۈچۈن يىلىغا 240 كرونېن، 24 ياشقا كەلگۈچە ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كۆچۈرۈش شارائىتىغا ئېرىشكىچە تۆلىنىدىغان بولىدۇ. بۇ ئائىلىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشلەردىن بىرى، شۇندىن ئېتىبارەن بۇ كىچىك ئائىلىدە جىددىي ھالەتكە خاتىمە بېرىلگەن ئىدى. شۇ يىلىدىن باشلاپ ئالويىسنىڭ ئائىلىدە تىكلىگەن زوراۋانلىقى كەلمەسكە كېتىپ، 14 ياشقا قاراپ كېتىۋاتقان ئادولف بۇ ئائىلىنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىدۇ. كلارا ئەسلىدە بالىسىنىڭ ئىستىقبالى توغرىلىق يولدىشىنىڭ ۋەسىيەت قىلغان يولىدا مېڭىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ بۇ جەھەتتە ئوغلىنى مەجبۇرلىيالىغىدەك كۈچىمۇ يوق، ئۇنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى پەقەتلا ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىشلا ئىدى. راستىنى ئېيتقاندا، ئاپىسىنىڭ بۇنداق دۇئالىرى ئادولفنىڭ خىيالىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن قىلچە توسالغۇ بولالمايتتى. بىرسى ئۇنىڭدىن كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلماقچىسەن دەپ سورىغىدەك بولسا ئۇنىڭ بېرىدىغان جاۋابى بەكلا كەسكىن بولۇپ، قىلچە تەمتىرىمەي “داڭلىق رەسسام بولىمەن” دەپلا كېسىپ جاۋاب بېرەتتى. ئادولف، ھەر كۈنى ئۇزۇن يول مېڭىپ مەكتەپكە قاتراشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىككىنچى مەۋسۇملۇق ئوقۇش باشلانغان ۋاقتىدا لىنزدىكى مەكتەپ ياتىقىدا يېتىپ-قوپۇش رۇخسىتىنى ئېلىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاپىسىنىڭ شۇنچە ئازىيىپ كېتىۋاتقان باشقۇرۇش پۇرسىتىمۇ قالمىغان دېيىشكە بولاتتى. ئادولف، لىنزدا 5 نەپەر بالا بىلەن بىرلىكتە سېكىرا ئىسىملىك بىر موماينىڭ ئۆيىدە يېتىپ قوپىدۇ. بۇ ئۆيدە ئادولف ئىنتايىن ئەدەپلىك بولۇپ ئۆزگىرىپ، ئۆي ئىگىسى موماينىلا ئەمەس ھەتتا ساۋاقداشلىرىنىمۇ سىزلەپ يۈرىدىغان بولىدۇ. گەرچە مۇھىت ئۆزگىرىشى ئۇنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، رەسىم سىزىش ۋە كىتاب ئوقۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولىدۇ. ئۆي ئىگىسى موماي سېكىرا، ھىتلېر ئادەتتە ئاخشاملىرى دەرس تەكرارلايمەن دەپ بەكلا كۆپ شام ئىشلىتىپ كېتىۋاتىدۇ دەپ ھال ئېيتاتتى. بىر قېتىمىدا، ئۇنىڭ باش چۆكۈرۈپ خەرىتىگە تىكىلىپ قالغانلىقىنى، ئارىلاپ خەرىتە ئۈستىنى رەڭلىك قېرىنداشلار بىلەن سىزىپمۇ قويغانلىقىنى كۆرۈپ، “ھوي ئادولف، سەن بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟” دەپ سورىۋىدى، “خەرىتە كۆرىۋاتىمەن” دەپ قىسقىلا جاۋاب بېرىدۇ.
زېرىكىشلىك دەرس مەۋسۇمى ئاخىرلىشىدۇ. ئەمما ئادولفنىڭ ماتېماتىكا دەرسىدىن ئالغان نەتىجىسى يەنە بىر قېتىم نەتىجىسىز بولۇپ چىقىدۇ. ھىتلېر خانىمغا، ئەگەر كۈزدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان قايتا ئىمتىھان بېرىشتە يەنىلا نىيوت ئېلىپ قالغۇدەك بولسا ئادولف سىنىپتىن قېلىشى مۇمكىن دېگەن بىر ئۇقتۇرۇش كېلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئائىلىدىكىلەرگە ۋاقىتلىق بولسىمۇ كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، شۇ يىلى ياز ئايلىرىدا ئۇلار ئائىلىسى بويىچە سپىتالدا يازلىق دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ھىتلېرلار ئائىلە بويىچە پويىزغا ئولتۇرۇپ يېزىسىغا قاراپ يولغا چىققىنىدا ئانا بولغۇچى كونا پاسوندىكى چوڭ ئىككى ياغاچ چامادان ئېلىۋالغان بولۇپ، ساندۇقلار تەتىلدە كىيگۈدەك كىيىم-كېچەك ۋە ئىشلىتىدىغان چىنە-تەخسىلەر بىلەن لىق تولغانىدى. ۋېيترا پويىز ئىستانسىغا يېتىپ كەلگىنىدە سىڭلىسىنىڭ يولدىشى ئانتون شمىدت بىر كالا ھارۋىسى بىلەن ئۇلارنى ئالغىلى پويىز ئىستانسىسىغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنى ھارۋىغا سېلىپ كەنتكە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ياز ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك بىر ياز بولىدۇ. كلارا پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە ھەممىنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىدۇ؛ ئادولفقا كەلسەك، ئۇ ئېتىزلىق ئىشلىرىدىن قېچىپ ئويۇن بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. بەزىدە شمىدتلار ئائىلىسىنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرگە ئويناپمۇ قوياتتى.17 بىر قېتىم ئۇلارغا لەگلەك ياساپ ئۇچۇرۇپ بېرىدۇ. “لەگلەكنىڭ رەڭلىك قەغەزلەردىن چاپلاپ ياسالغان رەڭدار چىرايلىق ئۇزۇن قۇيرۇقى بار ئىدى.” ئۇچۇرۇلغاندا ئاسماندا “بەكلا چىرايلىق كۆرۈنەتتى.” شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ يېزىدىكى ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا كىتاب ئوقۇش، رەسىم سىزىش بىلەن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىككى تۈرلۈك ھەۋىسىنىڭ ئۆزىلا شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ چوڭ بولغان ئىدى؛ ئۇ نېمىلا بولسا بولسۇن ئۆزىنىڭ خىيالى دۇنياسىدا ياشاشنى ياخشى كۆرەتتى. ئادولف، ھەر قېتىم يامغۇر ياققان ۋاقىتلاردا يامغۇردىن قېچىپ بالىلار ئۆيىگە كىرىۋالاتتى. شۇنداق كۈنلەر ھەققىدە نەۋرە سىڭلىسى مارىيە شمىدت ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: “ئۇ ئۆيدە جىم تۇرماي ئالدى-كەينىگە ماڭاتتى ياكى توختىماي رەسىم سىزاتتى. ئەگەر بىرەرى ئۇنى ئاۋارە قىلسا دەرھال خاپا بولۇپ چىچاڭلاپ كېتەتتى. ئۇ مېنىمۇ ئىتتىرىپ تالاغا چىقىرىۋېتەتتى. ئەگەر مەن سىرتتا تۇرۇۋېلىپ يىغلاشقا باشلىسام ئاپىسىدىن تاتلىق-تۇرۇم دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ مېنى بەزلەيتتى. بىز ئادەتتە ئۇنى تېرىكتۈرەتتۇق. ئۇ ئۆيدە قالغاندا دېرىزىدىن تاش ئېتىپ تېرىكتۈرەتتۇق. ئۇمۇ چىقىپ بىزنى قوغلاپ كېتەتتى.”
ئۇلار لېيوندىڭغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ھىتلېرلار ئائىلىسىدە يەنە بىر ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. “تۇغۇلۇشىدىنلا خۇشخۇي مىجەزلىك، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشقا ئۇستا، كۈلۈپلا يۈرىدىغان” ئانگېلا، لىنز شەھىرىدىكى لېئو راۋبال دېگەن بىر باجگىر بىلەن توي قىلىدۇ. ئادولف، لېئو دېگەن بۇ باجگىرنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيتتى. ئۇنى ھاراقكەش، قىمارۋاز بىرسى دەپ قارايتتى. ھەدىسى بىلەن توي قىلغان بۇ يېزنە، رەسساملىقنى ھەرگىز بىر كەسىپ دەپ تونۇمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆچ بۆلۇپ قالغان بولىشىمۇ مۇمكىن.
كۈزدە ئادولف قايتا ئىمتىھان بېرىپ لاياقەتلىك دېگەن نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ئۈچىنچى يىللىققا كۆچۈش ئۈچۈن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشى لازىم ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن فرانسۇز تىلى ئەڭ قىيىن دەرسلەردىن بىرى ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ھىتلېر ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن “بۇ تىلنى ئۆگىتىش پۈتۈنلەي ۋاقىت ئىسراپچىلىق!” دەپ، فرانسۇزچە ئۆگىنىشنى سۆكۈپ قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ. فرانسۇز تىلى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور خۈمېر بۇ ئادولف دېگەن ئوقۇغۇچىسى ھەققىدە تۈرلۈك-تۈمەن خىياللارغا كېلىپ كېتىدۇ. “بۇ بالا ھەقىقەتەن تالانتلىق ھېسابلانسىمۇ قىزىقىش دائىرىسى بەكلا تار ئىدى. — دەيدۇ بۇ فرانسۇز تىلى ئوقۇتقۇچىسى كېيىنكى كۈنلەردە ئەسلەپ، — ئادولفتا ئۆز-ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش ئىقتىدارى كەم، ئۇچىغا چىققان جېدەلخور. ئۇ بەكلا ئەركە، ماختانچاق، تېرىككەك بىر بالا ئىدى. شۇڭا ئۇ دەرسلەردە پەقەتلا يېتىشەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكلا ھۇرۇن. بولمىسا ئۇنىڭدىكى تالانت كۈچىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ دەرس نەتىجىسى چوقۇم كۆپ ياخشى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇ رەسىم سىزشقا ھەقىقەتەنمۇ ئۇستا ئىدى. ئۇنىڭ تەبىئىي پەن دەرس نەتىجىلىرىمۇ يامان ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭدا جاپاغا چىداپ ئوقۇش دەيدىغان خىيال يوق.” دوكتور خۈمېر يەنە ئادولفنىڭ نېمىس تىلى ئوقۇتقۇچىسى ھەمدە سىنىپ مەسئۇلى ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئادولفقا بولغان يېقىنلىقى ھەرگىز بىر مەزگىللىكلا يېقىنلىق بولماستىن پۈتۈن يىلغا سوزۇلغان بىر يېقىنلىق ئىدى.
“ئادولف نەسىھەت قىلغان ياكى تەنقىد قىلغان كىشىگە ئىچىدىن ئۆچمەنلىك ساقلايتتى. شۇنىڭدەك يەنە، ساۋاقداشلىرىدىن ئۇنىڭغا شەرتسىز ئەگىشىشنى تەلەپ قىلىپ ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىپلا يۈرەتتى. ئۇ يەنە قىلچە تەپ تارتماي بەتقىلىق ئىشلارنىمۇ قىلاتتى. دەرۋەقە، ئۇنىڭ بۇنداق شوخلۇق قىلىشلىرىنىڭ قورققۇدەك يېرىمۇ يوق ئىدى. ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بىر ئۆسمۈر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇنداق قىلىقلارنى چىقىرىپ يۈرۈشىگە تولا بەك ھەيران قېلىشقىمۇ ئەرزىمەيتتى.” شۇنىڭغا قارىماي، “ئۇرۇق كېسەلچان كۆرۈنۈشلۈك” بۇ بالىنىڭ تىل دەرسى ئوقۇتقۇچىسىنى خۇشال قىلىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولۇپ قالاتتى. شۇڭا بۇ ئوقۇتقۇچى ھەر دائىم ۋاقىت چىقىرىپ ئادولفنى يېتەكلەشكە تىرىشاتتى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇنىڭغا قىلىنغان شۇنچە ئەجىرنىڭ قىلچە پايدىسى بولمايتتى. ئادولف كىچىككىنە تۇرۇپلا مىجەزى تۇراقلىشىپ قالغان، ئۆز سەنىمىگە دەسسەيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالغان بىر بالا ئىدى. ئەگەر بىرەرى ئۇنىڭ شەخسى ھاياتىغا كىرمەكچى بولىدىكەن، ئۇ دەرھال جىمغۇرلىشىپ ھېچكىمگە يېقىن يولىماس بولۇۋالاتتى.
ئەمما تارىخ دەرس ئوقۇتقۇچىسى بولغان لېئوپولد پۆتىش جىمىغۇر مىجەزلىك ئادولفقا كۈچلۈك تەسىر قالدۇرغان ئوقۇتقۇچى ئىدى. بۇ ئوقۇتقۇچى قەدىمكى تېۋتونلار تارىخىنى سۆزلىگىنىدە (بۇ ئوقۇتقۇچى دەرستە رەڭلىك پرويېكسىيىلىك ئېكرانىدىنمۇ پايدىلىنىپ سۆزلەيتتى) ئادولف بۇ دەرسنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتەتتى. ھىتلېر «كۈرەش يولۇم» دېگەن ئەسىرىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ كېلىپ، “تا بۈگۈنگىچە بېشىغا ئاق سانجىغان بۇ بوۋاينى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم ئۇنى ئىنتايىن يېقىنلىق ھېس قىلىمەن. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز دەرسلەرنى شۇنداق ھېسسىياتلىق سۆزلەيتتىكى، بەزىدە بىز بۈگۈننى ئۇنتۇپ خۇددى شۇ دەۋردە ياشاۋاتقاندەك ھېسسىياتلارغا كېلىپ قالاتتۇق. ئۇنىڭدا بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدىغان قانداقتۇر بىر سېھىرلىك كۈچ بار ئىدى. ئۇ ھەر قېتىم بىزنى شۇ قەدىمى دەۋرلەرگە باشلاپ كىرىپ كېتەتتى. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز، نەچچە مىڭ يىللىق يىراق تارىخ بەتلىرىگە كۆمۈلۈپ قالغان ۋەقەلەرنى تارتىپ چىقىرىپ ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق كۆز ئالدىمىزدا قايتىدىن جانلاندۇرىۋېتەتتى.18 بىز بۇنداق تۇيغۇغا كەلگەن ۋاقىتلىرىمىزدا ئۈن-تىۋىش چىقارماي پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن دەرسكە قۇلاق سېلىپ، قاينام-تاشقىنلىق ھېسسىياتلار ئىچىگە چۆمۈپ كېتەتتۇق، بەزىدە ھاياجاندىن كۆزىمىزگە ياش كېلىپ كېتەتتى.”
ئەمما تەنەپپۇس ۋاقتى كېلىشى ھامان، ھىتلېرنى ئارامىدا قويمايدىغان نەرسە زېرىكىش ئىدى. 1904-يىلى ئەتىياز كېرىشى بىلەن تەڭ مەكتەپ مۇھىتى ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلچە قىزىقى يوق مەنىسىز بولۇپ تۇيۇلىدۇ. شۇ يىلى ماي ئېيىدا، يەنى خرىستوس بايرام كۈنى، ئۇ لىنز چېركاۋىدا ئىمان پۇختىلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. ئەمما ئادولف بۇ ئىشلاردىنمۇ زىرىكىدۇ. ئېمانۇئېل لۇگېرت ئەتراپىدىكى ئوغۇللار ئارىسىدا “ئادولف ھىتلېردەك قاپىقى تۈرۈك، جىم ئولتۇرالمايدىغان بىرمۇ بالا يوق ئىدى. ئۇنىڭ گەپلىرىنى مەن بېرىپ ئاغزىدىن تارتىپ چىقارمىغۇچە دېمەيدىغاندەك جىم ئولتۇرۇۋالاتتى. … ئۇ، ئىمان پۇختىلاش مۇراسىمىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا بەكلا ئۆچ بولۇپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. شۇڭا ئۇ، بۇ مۇراسىمنى بەكلا زورلىنىپ ئاران ئورۇندايتتى.” ئىمان پۇختىلاش مۇراسىمى تارقىلىپ كىشىلەر لىئوندىڭغا قايتىشى ھامان، ئادولفمۇ دەرھال مەھەللىسىگە قايتىپ ئويۇن ئويناش ئۈچۈن بالىلارنى ئىزدەپ چېپىپ چىقىپ كېتەتتى. لۇگېرت خانىم شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالارنى ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: “ئۇلار ئۆيىمىزنىڭ ئالدى-كەينىدە چېپىپ 'قىزىل ھىندىيان' دېگەندەك بىر نېمىلەر دەپ ۋارقىراپ جاھاننى بېشىغا كىيىشەتتى.”
شۇ يىلى ئادولف فرانسۇز تىلى دەرسىدە لاياقەتلىك بولالمايدۇ. گەرچە كۈزدە قايتا بەرگەن ئىمتىھاندا ئارانلا ئۆتىۋالغان بولسىمۇ، مەكتەپ ئۇنىڭ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئالالىشى ئۈچۈن شەرت قويىدۇ: ئۇنىڭ لىنز ئوتتۇر مەكتىپىدە مەكتەپ پۈتتۈرۈش يىلى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمما ئوقۇشىنى باشقا مەكتەپتە داۋاملاشتۇرىمەن دېسە، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەڭ يېقىن بولغان مەكتەپمۇ ستېيىردە بولۇپ، ئۆيىدىن 25 مىل يىراقتا ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئادولف يەنە بىر قېتىم ئۆيىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھىتلېر خانىم 15 ياشلىق ئوغلىغا ھەمراھ بولۇپ بىرلىكتە ستېيىرغا بېرىپ سىچىنىلار ئۆيىدىن ئوغلى ئۈچۈن كىچىك بىر ئېغىز ئۆي ھەل قىلىدۇ. ئادولف بۇ يېڭى شەھەرگە ئاياق باسا-باسمايلا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە پەنجىرىدىن كۆرۈنگەن مەنزىرىمۇ كىشىنى يىرگەندۈرگىدەك سەت ئىدى. “مەن ھەر دائىم دېرىزىگە چىقىۋېلىپ چاشقانغا تاش ئېتىپ ئوينايتتىم” دەيدۇ كېيىن. ئۇنىڭ چاشقانغا تاش ئېتىپ ئويناش ۋاقتى بىلەن رەسىم سىزىشقا ئاجراتقان ۋاقتى دەرس تەييارلاش ئۈچۈن ئاجراتقان ۋاقتىدىن بەكلا كۆپ ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇنىڭ بىرىنچى مەۋسۇمدا ئالغان دەرس نەتىجىلىرىمۇ بەكلا ناچار بولىدۇ. ئۇ، دەرسلەر ئارىسىدا تەنتەربىيە دەرسىدە “ياخشى”، رەسىم دەرسىدە “ئەلا” دېگەن نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تارىخ دەرسى بىلەن جۇغراپىيە دەرسلىرىدىن ئارانلا “ئورتا” دېگەن نەتىجىنى ئالىدۇ. ماتېماتىكا بىلەن نېمىس تىلى دەرسلىرىدە “لاياقەتسىز” دېگەن دەرىجىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ مەكتەپتىن قېچىش كۈنلىرى شۇنچە كۆپىيىپ كەتكەنكى، نېمىشقا بۇنداق قىلغىنىغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيتتى. بىر كۈنى ئۇ بوينىنى قېلىن ئورىۋېلىپ سىنىپقا كىرىدۇ. سورىغانلارغا گېلىم ئاغرىپ قالدى دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئۆيىگە قايتىپ ئارام ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ [ئادولف، شۇ يىلى ئەتىيازدا يېقىندىكى بىر كىچىك شەھەر بازىرىنى زىيارەت قىلغىنىدا خاتىرە دەپتىرىگە بىر پارچە شېئىر يېزىپ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ بۇ شېئىرىدىكى 4 ئېغىز سۆزنى زادىلا ئوقۇغىلى بولمىدى:
1. كىشىلەر ھاۋالىق سارايدا قېتىپ ئولتۇرىدۇ،
پىۋا، شاراب ئىچىپ قىزغىن تەنتەنە قىلىشىدۇ،
يەڭلار، ئىچىڭلار، خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار،
(…) ئاندىن ئۇلار ھەممىسى غەرق مەست سوزۇلۇپ يېتىشتى.
2. ئۇلار ئېگىز تاغلارغا يامىشىدۇ،
(…) مەغرۇر چىرايلار، موللاقلاپ پەسكە دومىلايدۇ،
ئۆرە تۇرغۇدەك ماجالىمۇ يوق.
3. ئۆيلىرىگە مېڭىشتى، ھەممىنىڭ رەڭگى سۆرۈن،
ۋاقىت، ئاھ، ھېچنېمە ئەستە يوق، ئايالى (…) ئىدى،
ھەي (شۇ بىچارىلەر؟)، يارىسىنى قامچىلاپ ساقايتىدۇ.
ئۇ يەنە بىر پارچە رەسىممۇ سىزغان بولۇپ، رەسىمدە پاكار، ۋىجىك بىرى ياتقۇزۇلۇپ دۈمبىسىگە ئۇرۇلىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن، رەسىمدىكى ئۇرغۇچى ئىككى كۆكسى تولغان بىر ئايال ئىدى. شۇ قېتىم يازغان شېئىرى بىلەن بۇ رەسىمى ھەقىقەتەن قالتىس ئىدى. بۇنداق بىر شېئىرنى، بۇنداق بىر رەسىمنى 15 ياشلىق بىر بالىنىڭ ئىجادىيىتى دېيىشكە، شۇنىڭدەك مۇنچە غەلىتى بىر شەكىلدە خاتىرە دەپتىرىگە يېزىلغانلىقىغا ھەقىقەتەن ئىشەنمەك تەس. — ئا. ھ. ئى]19
شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ دەرس نەتىجىلىرى كېيىنچە ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىشقا باشلايدۇ. مەكتەپ تەرەپ ئۇنىڭغا كۈزدە قايتا تولۇقلىما ئىمتىھانغا قاتنىشىش پۇرسىتى بېرىدىغانلىقىنى، ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك نەتىجە ئالالىسا مەكتەپ پۈتتۈرۈش شاھادەتنامىسىىمۇ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. 1905- يىلىنىڭ ئىيۇل ئايلىرىنىڭ بەكلا ئىسسىق بىر كۈنى ئادولف بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ بەكلا خۇشال بولىدۇ، بۇ خۇش خەۋەر (ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەن بىر خۇش خەۋەر ئىدى) نى شۇ ھامان بېرىپ ئاپىسىغا ئېيتىدۇ. شۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ئاپىسى بۇ يەر بەكلا قالايمىقان، ئادەم ئارام تاپقىلى بولمايدىغان بىر يەر ئىكەن دەپ، لېئوندىڭدىكى باغۋارانلىرىنى سېتىۋېتىپ لىنز شەھەر مەركىزىدىكى خۇمبولدتسىتراس كوچىسى 31-نومۇرلۇق ئۆيگە كۆچۈپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئىجارىگە ئالغان بۇ ئۆي، بىنانىڭ تەسكەي تەرەپ ئۈستى قەۋىتى قاراڭغۇ بىر يۈرۈش ئۆي ئىدى. ئادولف ئۆيىدىن ئايرىلىش ۋاقتىدا ئاپىسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولىدىغان، بىر يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرگەن ئىدى. ئۇ ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس بەلكى چاچلىرى پاخپايغان بىر يىگىتكە ئايلانغان، ساقال-بۇرۇتىمۇ خەت تارتىشقا باشلىغان ئىدى. ئەمدى ئۇ خام خىيال ئىچىدە لەيلەپ يۈرىدىغان، رومانتىك خىياللارغا پېتىپ يۈرىدىغان رەسمىي بوخېمىيەلىكنىڭ نەق ئۆزىگىلا ئايلانغان ئىدى. ستېيردە تۇرۇۋاتقان ستۇرمبېرگېر دېگەن بىر سىنىپ ساۋاقدىشى ئۇنىڭ بۇ قىياپىتىنى روشكا بىلەن سىزىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ تېز سىزما رەسىمى “ياش رەسسامنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى بىردىن-بىر پورترىتى” بولۇپ ساقلىنىپ قالىدۇ.
بۇ كۈنلەردە ھىتلېرنىڭ ئاپىسى كلارامۇ مېنىڭ بالام ھەقىقەتەن بىر قەھرىمان دەپ ئوغلىدىن بەكلا ماختىنىپ يۈرىدۇ. نەتىجىدە ئانا-بالا ئىككىسى قايتىدىن ئالاھىدە يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى. كېيىن ئۇلار پاۋلانى بىرگە ئېلىپ سپىتالدا يازلىق دەم ئېلىشقا چىقىدۇ. ئۇ يەردە، ئادولف ئۆپكە ياللۇغى كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ (ئەسلىدىنلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئارىسىدا نەپەس يولى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلار بار ئىدى). ئادولفنىڭ بۇ كېسىلى، ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىۋېتىدۇ. گەرچە ئادولف ستېيردىن “پالانغان”، بۇ يازلىق دەم ئېلىشتا كىچىك بىر ئوڭۇشسىزلىق كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ ئانا-بالا ئىككىسىگە بۇ يازلىق دەم ئېلىش يەنىلا كۆڭۈللۈك ئۆتكەن بىر تەتىل ھېسابلىناتتى.
يېزىدىن ئايرىلىش كۈنى كەلگىچە ئادولفنىڭ كېسىلى تۈزۈلۈپ، ستېير شەھەردىكى مەكتىپىگە قايتىپ 16-سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان تولۇقلاش ئىمتىھانىغا قاتناشقۇدەك ھالغا كېلىدۇ. ئادولف، قايتا ئىمتىھان بېرىپ لاياقەتلىك بولىدۇ. شۇ ئاخشىمى، ئادولف بىر قانچە يېقىن ساۋاقدىشى بىلەن يوشۇرۇنچە جەم بولۇپ بۇ نەتىجىسىنى تەبرىكلەپ ئولتۇرۇش قىلىدۇ. بۇ ئولتۇرۇشتا ئادولف ھاراقنى بەكلا جىق ئىچىۋېلىپ مەست بولۇپ خۇدىنى بىلمىگۈدەك ھالغا كېلىپ كوچىدىلا يېتىپ قالىدۇ. “مەن شۇ ئاخشىمىقى ئىشلارنى پەقەتلا ئەسلىيەلمىگۈدەك ئېغىر مەست بولۇپ كەتكەن ئىكەنمەن” دەيدۇ. ھوشىغا كەلگىنىدە قارىسا سەھەردە يول بويىدا يېتىپ قالغان بولۇپ، ئەتىگەندە سۈتچى ئۇنى ئويغاتقاندىلا ئاندىن ئۆزىگە كېلىدۇ. ئادولف، شۇ كۈنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك سەتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ شۇ قېتىملىق مەست بولغۇچە ھاراق ئىچىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسى بولۇپ قالىدۇ.
گەرچە ئۇ لاياقەتلىك نەتىجە ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تونۇشتۇرۇش قەغىزىنى قولغا كەلتۈرەلىگەن بولسىمۇ، مەكتەپ پۈتتۈرۈش شاھادەتنامىسى ئېلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا پەقەتلا كۈچى يەتمەيدۇ. ئەسلىدە ئۇ، كەسپى تېخنىك ئوتتۇرا مەكتىپىدە داۋاملىق ئوقۇشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسىلا شۈركۈنۈپ كېتەتتى (تۇيۇقسىز كەلگەن كېسەللىك ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنغان ئىدى). شۇڭا ئۇ، ئۆپكە كېسىلىنى باھانە قىلىپ مەكتەپتىن توختاش خىيالىنى ئاپىسىغا ئېيتىپ يالۋۇرىدۇ. كلارامۇ ئوغلىنىڭ تەلىپىگە كۆنۈپ ئۇنى داۋاملىق ئوقۇشقا زورلىمايدۇ. كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇنىڭ رىقابەتچىلىرى ھىتلېرنى قارىلىغانلىرىدا، سالامەتلىكنى باھانە قىلىپ ئوقۇشتىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتابىدا يالغان سۆزلەيدۇ، دېيىشتى.
ئەمما پاۋلا ئۇنىڭ راستىنىلا قان تۈكۈرۈپ يۈرگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھ بېرىدۇ. ھىتلېرنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىكى دوستلىرىدىن بىرىمۇ “ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق يۆتىلىپ يۈرەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇن پەردىلىرىمۇ ياللۇغلىنىپ كەتكەنىدى. بولۇپمۇ ھۆل-يېغىنلىق، نەم ھاۋالىق كۈنلەردە ھەقىقەتەن قاتتىق يۆتىلەتتى” دەيدۇ. ئادولفنىڭ قوشنىلىرىدىن بىرىمۇ “ئۇنىڭ سالامەتلىكى بەكلا ناچارلىشپ كەتكەن، ئۆپكىسىدىن كاشىلا چىققانلىق سەۋەبتىن ئوقۇشتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. ئۆپكىسى ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن كېيىنكى كۈنلەردە قان تۈكۈرۈپ يۈردى” دەپ كېسەللىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
16 ياشلىق بۇ يىگىت، ئاپىسى بىلەن مەكتەپنىڭ باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن ئەركىن ھەرىكەت قىلىدىغان، خالىغان يەرلەردە لاغايلاپ يۈرەلەيدىغان، شەخسى ئابرويغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بىرىگە ئايلىنىپ، ئۆيدىن قېچىپ قۇتۇلغان بىرىدەك خالىغانچە ھەرىكەت قىلىپ يۈرەتتى. ئۇ ئەمدى، خۇددى ئوقۇشقا ئېچىرقاپ كەتكەندەك، پۈتۈن زېھنى بىلەن كىتاب ئوقۇشقا، تېز سىزما رەسىم سىزىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ دەپتەرلىرى ھەر تۈرلۈك سىزما رەسىملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. ئۇ پات-پاتلا مۇزېيلارنى زىيارەت قىلاتتى، تىياتىرلارغا كىرىپ تۇراتتى، مومدىن ياسالغان ھەيكەل كۆرگەزمىلىرىنىمۇ بوش قويمايتتى. ئۇ بىر قېتىم پويىز ئىستانسىسى يېنىدا بىر كىنو كۆرىدۇ، بۇ كىنودىن ئۇنىڭ ئېتىك قاراشلىرى قاتتىق تەۋرىنىپ كېتىدۇ (“نېمە دېگەن ئەخلاقسىزلىق، نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق كىنو بۇ!”). ئادولف شۇندىن كېيىن باشقىلار بىلەن ئىزدىشىپ يۈرۈشنى، ھەتتا بالىلارنىڭ ئويۇن ئويناشلىرىدا باشلامچى بولۇشلارنىمۇ تاشلايدۇ. ئۇ دائىم دېگۈدەك لىنز كوچىلىرىدا ئۆز بېشىغا يالغۇز ئايلىنىپ يۈرسىمۇ قەتئى زىرىكىش ھېس قىلمايتتى. ئۇ كېلەچەك ھەققىدىكى خىياللار ئىچىگە چوڭقۇر پېتىپ،20 كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشتىن قاتتىق يىرگىنىدىغان بولۇپ ئۆزگەرمەكتە ئىدى. 1905-يىلى كەچ كۈز ئايلىرىدا، ئاخىرى ئۇ چىقىشالايدىغان گۇستىل دېگەن بىرى بىلەن، يەنى ئاۋگۇست كۇبىزېك ئىسىملىك بىرسى بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ئاۋگۇست كۇبىزېك ئەسلىدە بىر ئۆي بىزەش تىجارەتچىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇمۇ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش تۈگىمەس خام خىياللار ئىچىدە لەيلەپ يۈرىدىغان بىرى ئىدى: ئۇ، دۇنيادىكى ئەڭ ئاتاغلىق مۇزىكانتلاردىن بىرى بولىمەن دەپ خام خىيال قىلىپ يۈرەتتى. كۇبىزېك ئىسكىرىپكا بىلەن سېللو — ئۇزۇن بوي ئىسكروپكا چېلىشنى بىلەتتى. شۇنىڭدەك ئۇ سۇناي بىلەن چوڭ كاناي — كونترا باسسۇن چېلىشنىمۇ ئۆگەنگەن ئىدى. ئۇ شۇ كۈنلەردە پروفېسسور دېساۋېرنىڭ مۇزىكا مەكتىپىدە مۇزىكا ئۆگەنمەكتە ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئاخشىمى، ئادولف بىلەن كۇبىزېك ئىككىسى ئوپېرادا تونۇشۇپ قالىدۇ. ھىتلېرنىڭ ئەدەپلىك، كەم سۆز ۋە رەتلىك كىيىنىپ يۈرىدىغان بىرى ئىكەنلىكى كۇبىزېكنى قىزىقتۇرغان ئىدى. كېيىنچە ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: “يېڭى تونۇشقىنىمدا ھىتلېر تاتىراڭغۇ چىراي، تاياقتەك ئۇرۇق كۆرۈنىدىغان بىرى ئىدى. ئۇنىڭ يېشى مەن بىلەن تەڭ دېگۈدەك بولۇپ، ئويۇن باشلىنىشى بىلەن تەڭ جىم ئولتۇرالماي مۈرىلىرىنى ئويۇنغا تەڭكەش قىلىپ ئېتىپ كېتەتتى.” كۇبىزېكنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى تېتىك، كەڭ پېشانىلىق، بۈدۈر چاچلىق بولۇپ، نەق بىر سەنئەتچى قېلىپىدا قويۇپ چىقىرىلغان بىرىگە ئوخشايتتى.
ئادولف بىلەن گۇستىل ئىككىسى ھەر ئاخشىمى دېگۈدەك بىرگە تىياتىر كۆرگىلى باراتتى (ھىتلېر ئۇنى يېڭى تونۇشلاردەك ئاۋگۇست دەپ ئاتىماي گۇستىل دەپلا چاقىراتتى). ئەگەر تىياتىر كۆرۈش خۇشياقمىسا ئىككىسى بىرگە لاندستراس كوچىسىنى بويلاپ ئايلىنىپ مۇڭدىشاتتى. ئەنە شۇنداق ۋاقىتلاردا ئادولف ھەر دائىم سېپى پىل چىشىدىن ياسالغان قارا رەڭلىك ھاسا تاياقنى قولىغا ئېلىۋالاتتى. بىر كۈنى، كۇبىزېك جاسارىتىنى توپلاپ، بۇ كەم سۆز دوستىدىن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. “ئىشىم يوق! — دەپ قوپاللا جاۋاب بېرىدۇ ئادولف، — قۇرساق غېمىنى دەپ ئىشلەش ماڭا يارىشامدۇ؟”
ئادەتتە ھىتلېر ئۆزى ھەققىدە گەپ قىلىشنى بەك خالاپ كەتمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئىككىسى، مۇزىكا بىلەن سەنئەت ھەققىدىكى ئىشلار ئۈستىدە كۆپرەك مۇڭدىشاتتى. بىر كۈنى، ھىتلېر تۇيۇقسىزلا يېنىدىن قارا تاشلىق بىر خاتىرە دەپتەر چىقىرىپ كۇبىزېكقا يېڭى يازغان شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ كېتىدۇ. ئاندىن بىر قانچە پارچە سىزغان رەسىمى بىلەن رەسىم لايىھىسىنىمۇ كۆرسىتىدۇ: “كەلگۈسىدە رەسسام بولۇش ئويۇم بار.” بۇ ياشتىكى بىرىنىڭ مۇنچە غايىلىك بولالىشى ھەقىقەتەن كۇبىزېكقا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ (“مۇنچە ئىستىقباللىق سەنئەت ئەسىرىنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلانغان ئىدىم” دەيدۇ كۇبىزېك). شۇندىن كېيىن، ئۇ ھىتلېرنى بىر قەھرىمان قاتارىدا ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ. كۇبىزېكنىڭ ئەسلىمىلىرى بەكلا ئاشۇرىۋېتىلگەن، ھەتتا بىر مۇنچە ھېكايىلەر ئۇيدۇرۇلغان بولسىمۇ، ھىتلېرنىڭ يىگىت ۋاقىتلىرىنى ئۇنىڭدەك بىلىدىغان باشقا بىرسىمۇ يوق ئىدى.
گەرچە ئۇلار ئىككىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوخشاش نۇقتىلىرى باردەك قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرلىرى بىر-بىرىگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى. كۇبىزېك ئۆزىنى “مۇھىتقا ئاسانلا ماسلىشالايدىغان، باشقىلارغا ھەر دائىم يول قويۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بېرىمەن” دەپ ھېسابلايتتى. ئەمما ھىتلېر “بەكلا قوپال، باشقىلارغا يول قويماي ۋارقىراپ-جارقىراپلا يۈرىدىغان بىرى” ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇلار ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق بىر-بىرىگە زىت مىجەز ئالاھىدىلىكى، ئۇ ئىككىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا سەۋەبچى بولغان مۇھىم ئامىل ئىدى. كۇبىزېك ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ بېرىدىغان، ئۇنىڭ دېگىنىگە ماقۇل دەپلا يۈرىدىغان ياۋاش بىرى رولىنى ئوينايتتى. “مېنىڭ بۇ دوستۇم ھەقىقەتەن ماڭا بەكلا ئېھتىياجلىق ئىدى” دەيدۇ كۇبىزېك. ئۇنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ بېرىدىغانلىقى ھىتلېرغا بەكلا ياقاتتى. شۇڭا، ئۇ دائىم يوقۇرى ئاۋازدا توختىماي سۆزلەپ كېتەتتى. “ھەتتا مېنى ياخشى ئاڭلىسۇن دەپ قول ئىشارەتلىرى بىلەن ھەۋەسلىنىپ سۆزلەپ كېتەتتى” دەيدۇ. ھىتلېرنىڭ بۇنداق ھاياجانلىنىپ سۆزلەيدىغان ۋاقىتلىرى ئاساسلىقى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئېتىزلىق بويلىرىدا كېتىۋاتقانلىرىدا ياكى ئادىمى شالاڭ چىغىر يوللاردا كېتىۋاتقانلاردا كۆرۈلەتتى. كۇبىزېكنىڭ نەزىرىدە ھىتلېر خۇددى پارتلىغان ۋولقاندەك بىرى، شۇنىڭدەك يەنە سەھنىدىكى بىر پەردىلىك ئويۇنغا چىققان بىر ئارتىسقىلا ئوخشاش كۆرۈنەتتى. “مەن ئۇنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاۋېتىپ ئېغىزىم ئېچىلىپ تۇرۇپلا قالاتتىم. ھەتتا ئۇنى تەبرىكلەپ چاۋاك چېلىشمۇ ئەقلىمگە كەلمىگۈدەك ئۇجۇقۇپ كېتەتتىم.” بىر ھازا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، كۇبىزېك ھوشىغا كېلىپ ئۇنىڭ سەھنىدە ئويۇن قويۇۋاتقان بىرى ئەمەس بەلكى ئالدىدا ھاياجان بىلەن رەسىمىلا نۇتۇق سۆزلەپ كېتىۋاتقان بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرەتتى. ئۇ يەنە ھىتلېرنىڭ ئۇنى ئاڭلاشقىلا رۇخسەت قىلىپ، رەددىيە بېرىشىگە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنىمۇ سېزىپ قالىدۇ. كۇبىزېك، ئادەتتە ئۇنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىگە دىققەت قىلماي ئەسەبىيلەشكەن ھىتلېرنىڭ ئېغزىغا قاراپ ھەيران بولۇپ قېتىپلا قالاتتى. شۇڭا ئۇ، ھىتلېرنىڭ دېگەنلىرىنى ئۇقماي تۇرۇپلا ماقۇللاۋېرەتتى.
ئۇ كۈنلەردە، ئۇلار ئىككىسى پات-پات تۇرملېيتېنۋېگكە بېرىپ سەيلى قىلىپ تۇراتتى. ئۇ يەردە ئادولف بەزەن ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇسا، بەزەن تىز رەسىم، سۇ بوياق رەسىم سىزاتتى. بەزىدە ئۇلار ئىككىسى يەنە دوناي دەرياسى بويىدىكى تاش پەلەمپەيلەر ئۈستىدە مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. بۇنداق مەنزىرىلىك يەرلەردە ھىتلېرمۇ ئاغىنىسىنىڭ ئارزۇلىرىنى، كەلگۈسى پىلانلىرىنى ئاڭلاپ بېرەتتى. ئۇ ھەتتا بەزىدە پۈتۈنلەي قۇرۇق خام خىيال ئىچىگە پېتىپمۇ قىلاتتى. دەرۋەقە بۇنداق ئەھۋاللار ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىلا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەھۋاللار ئىدى. ئادولف، كۇبىزېكنىڭ قاراشلىرىنى تولۇق بىلىپ بولغان ئىدى.21 “ھىتلېر مېنىڭ نېمىلەرگە ئېھتىياجىم بارلىقىنى، قايسى جەھەتلەردە يېتەرسىز ئىكەنلىكىمنى بەش قولدەك ئېنىق بىلىۋالغان ئىدى. ھەتتا بەزىدە ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بىلەنلا بولۇپ كەتمەي، مېنىڭ تۇرمۇشۇمغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرگەنلىكىنى ھېس قىلاتتىم.”
گەرچە ئادولف جاھانكەزدىلەردەك غەم-ئەندىشىسىز يۈرگەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇنىڭ تۇرىدىغان ئۆيى بەكلا ئاددىي بىر ئۆي ئىدى. خۇمبولدتسىتراس كوچىسىدىكى ئۈچ قەۋەتلىك بىنادا ئۇلارنىڭ تۇرۇۋاتقان ئۆيى سەل كىچىكلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا يەنىلا بولىدىغان ئۆي ئىدى. ئاشخانا ئۆيىدە ھويلا ئىچىگە قاراپ ئېچىلغان بىرلا پەنجىرىسى بار ئىدى. ئاشخانا ئۆيىمۇ چاققانلىقىغا قارىماي رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىدى. پاۋلا بىلەن كلارا ئىككىسى مېھمانخانا ئۆيدە يېتىپ قوپاتتى. ئۇ بۆلۈمدە دۆلەت كادىرى ئالويسنىڭ مەغرۇرانە چۈشكەن بىر پارچە رەسىمى ئېسىقلىق ئىدى. يەنە بىر بۆلۈم مۇنچا ئۆيىچىلىكلا چوڭلۇقتا بولۇپ، ئۇ ئۆيدە ئادولف ياتاتتى. بۇ ئۆي ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئۆيىگە قارىغاندا خېلىلا تىنچ بولۇپ، پۈتۈن بىر ئائىلە بۇ ئۆيدە خاتىرجەم ياشايتتى. ئەسلىدە، بۇ ئۆينى كىچىك خوجايىن ئادولف ئۈچۈنلا تەييارلانغان بىر ئۆي دېيىشكە بولاتتى. ئادولف، ھەر قېتىملىق روژدېستۋو بايرىمىدا ئاپىسىغا تىياتىر بېلىتى سوۋغا قىلىپ تۇراتتى. كلارا ئۈچۈن ئوغلى ئادولف خۇددى شاھزادىلاردەكلا بىرى بولۇپ، ئوغلۇمنىڭ قابىلىيىتى تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىدى، ئوغلۇم كېلەچەكتە چوقۇم داڭلىق بىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ دەپ ماختىنىپ يۈرەتتى. تۇغقانلىرى ئوغلىنى ئائىلىگە كىرىم قىلغىدەك بىرەر ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىنىشى ھەققىدە مەسلىھەت سالسىمۇ كلارا دائىم باش چايقاپ رەت قىلاتتى.
1906-يىلى ئەتىيازدا، ئادولفنىڭ خىياللىرىدىن بىرى ئىشقا ئاشىدۇ: ئاپىسى ئۇنىڭ سەنئەت، مۇزىكا ۋە بىناكارلىق جەھەتلەردە داڭلىق شەھەر ھېسابلىنىدىغان ۋيېننا (بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى بەزى لۇغەت-كىتابلىرىمىزدا ۋېنا، ۋىيېنا، ۋىيېننا دېگەندەك ئوخشىمىغان ئاھاڭ تەلەپپۇزىدا ئېلىنغان بولۇپ، كىتابنىڭ ئەسلى ئورىگىنالىدا ۋە ئېنگلىز چە لۇغەتلەردە Vienna، تۈركچىدە Viyana شەكلىدە يېزىلغان. بۇ تەرجىمىدە تەلەپپۇزى تەسىرەك بولسىمۇ 2008 نەشرى «خەنسوچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» تىكى يېزىلىشى بويىچە ۋيېننا دەپ ئېلىندى. ئەسلىدە ئۇيغۇرچە بوغۇم قائىدىسى بويىچە سەل ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ ئېلىنسىمۇ يامىنى يوقتى. لۇغاتلاردىن قارىغاندا، دۇنيادا ھەممە تىللاردا دېگىدەك چەتئەل ئىسىملىرىنى ئۆز فونىتىكىسىغا يېقىنلاشتۇرۇپ ئېلىپ يۈرگەن يەردە بىز نېمە سەۋەبتىن بۇنچە زورلىنىپ ئەسلى يېزىلىشىغا ياكى ئەسلى ئوقۇلۇشىغا سادىق بولىمىز دەپ يۈرىشىمىزنى چۈشىنىش تەس. — ئۇ. ت) غا بېرىپ ساياھەت قىلىشىغا ماقۇل بولىدۇ. ئادولف، بۇ قەدىمى رومانتىك شەھەردە تولۇق بىر ئاي بويىچە ساياھەت قىلىپ ياشايدۇ (بىر ئېھتىمالدا ئۇ ۋيېننادا تۇرىدىغان روھىي ئاتا-ئانا جوھان بىلەن جوھاننا پۆلزىللارنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بۆلىشى مۇمكىن). ۋيېننا مەنزىرىسى ھىتلېرنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدۇ. ۋيېننادىكى ۋاقتىدا ھىتلېر دوستى كۇبىزېك بىلەن ئىزچىل خەت ئالاقە قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ خېتىدە “ئەتىلىككە «ترىستان» ئوپېراسىنى كۆرگىلى بارىمەن (بۇ سەھنە ئەسىرى ۋاگنېرنىڭ 1859-يىلى يازغان ئوپېراسى بولۇپ، 1865-يىلى تۇنجى قېتىم سەھنىلەشتۈرۈلگەن)؛ ئۆگۈنلۈككە «پەرۋاز قىلىۋاتقان نېمىس» ئوپېراسىنى كۆرىدىغان بولدۇم” دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭ 7-ماي كۈنى كۇبىزېكقا ئەۋەتكەن بىر پارچە ئاتكرىتكىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: “گەرچە بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە شۇنچە گۈزەل بولسىمۇ، مەن يەنىلا لىنزنى سېغىندىم. بۈگۈن دۆلەتلىك ئوپېرانى زىيارەت قىلىشقا بارماقچىمەن.” شۇ كۈنى، ئۇ ئەۋەتكەن ئىككىنچى ئاتكرىتكىسىدا خانلىق تىياتىرخانىسىنىڭ كۆرۈنۈشىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن بولۇپ، تىياتىرخانىنىڭ ئىچى بەكلا ئاددىي ئىكەن دەپ يازىدۇ. “بۇ تىياتىرخانىدا جاراڭلىق سادالار پۈتكۈل زالنىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تەڭ يېيىلىدىكەن. ئەكس ئەتكەن ئاۋازلار كۈچلۈك سەھنە ساداسى ئىچىدە كۆمۈلۈپلا قالىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر بۇ زالغا ھەيران بولۇپ، بۇ تىياتىرخانىنى ئالتۇن ھەل بېرىلگەن نەقىشلەر، ئالتۇن زەر تۇتقان پەردىلەر بىلەن زىننەتلەشنى ئېسىدىن چىقىرىۋەتكەن بولسا كېرەك؟” بۇ جۈملىلەر يېڭىدىن بىخلىنىۋاتقان بۇ ياش رەسسامنىڭ تىپىك سۆزلىرى ئىدى. يەنى ئۇنىڭ جۈملىلىرى بەك راۋان بولمىسىمۇ، يېڭىلىقچى ئەمما ئۆتكۈر سەزگۈرلۈككە ئىگە، كۈچلۈك ھېسسىياتقا تولغان شېئىرى تۈسكە ئىگە ئىدى.
ئادولف، لىنزغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن زېھنى بىلەن لىنز ئۈچۈن مەنزىرە ۋە بىنا رەسىملىرىنى سىزىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇ، گۇستىلنى بىرگە بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۈندەيدۇ. ئەمما بۇنىڭغا كۇبىزېك ئۇنىماي تۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي ئادولف سۆزلەپ يۈرۈپ ئاخىرى دوستىنى قايىل قىلىدۇ. ئۇ ئىككىسى بۇ مەقسىتى ئۈچۈن بىرلىشىپ ئون كرونېنلىق دۆلەت تارقاتقان لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدۇ. ھىتلېر، بۇ بېلەتتىن چىقىدىغان پۇلنى قانداق خەجلەش ھەققىدىكى پىلانلىرىنى تىنماي سۆزلەپ كېتەتتى: لاتارىيىدىن چىقىدىغان پۇلغا دوناي دەرياسى بويىدىن بىر بىنا تېپىپ ئىككىنچى قەۋىتىنى پۈتۈنلەي ئىجارىگە ئېلىۋالىدىغانلىقىنى، كۇبىزېكنىڭ مۇزىكا مەشىق ئاۋازى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلەلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىسى بىنادا بىر-بىرىدىن نېرىدا ئايرىم-ئايرىم بۆلۈملەرگە جايلىشىدىغانلىقىنى سۆزلەپ كېتەتتى. بۆلۈملەرنىڭ زىننەت ئىشلىرىنى مەن ئۆزۈم لايىھىلەپ بېرىمەن؛ تام رەسىملىرىنىمۇ ئۆزۈم سىزىپ چىقىمەن؛ ئەمما ئۆي سايمانلىرىنى سەن لايىھىلەيسەن، دەيدۇ. ئادولف يەنە ئۇلارنىڭ بۇ ئۆيى ئىشتىن سىرتقى سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ لاگېرى ھالىغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنىمۇ خام خىيال قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “بىز ئۇ ئۆيدە مۇزىكا ئۆگىنىمىز، ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىمىز، كىتاب ئوقۇيمىز، شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز ئۆگىنىش بولىدۇ؛ نېمىس سەنئەت ساھەسى ھەقىقەتەن كەڭ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىر دوستۇم ماڭا، بۇ نېمىس سەنئىتىنى ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ دېگەن ئىدى.” ئۇ يەنە كىشىنى خۇشال قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بىر يوشۇرۇن ئارزۇسىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىغان بىر قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: “بۇ ئۆيدە ئىنتايىن مۇكەممەل تەربىيە كۆرگەن بىر قىز باشقۇرغۇچىمىز بولىدۇ. بۇ ئائىلىمىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئەنە شۇ 'مەدەنىيەتلىك ئايال خوجايىن' باشقۇرىدۇ. بۇ قىز چوقۇم ئەدەپلىك، مەدەنىيەتلىك بۆلىشى، بىزگە زىيانلىق ھەرقانداق ھەۋەسلەردىن ئۇزاق بۆلىشى كېرەك.”22 ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى خام خىياللىرى باشقا بارلىق خىياللىرىغا ئوخشاشلا خۇددى كۆپۈكتەك توزۇپ كېتىدۇ — ئۇلارنىڭ لاتارىيە بېلىتىگە ھېچ نېمە چىقمىغان ئىدى.
شۇ يىلى ئادولف، سپىتالدا يەنە بىر يازنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ قېتىمقى يازلىق دەم ئېلىشتا تىلغا ئالغۇچىلىك ھېچقانداق بىر ۋەقە يۈز بەرمەيدۇ. ئۇ قېتىمقى دەم ئېلىشتىكى ئەڭ ھاياجانلىق ئىش، ئادولفنىڭ شمىدتلار ئائىلىسىدىكى بالىلارغا سېتىۋالغان رەسىم پرىيومنىڭ ئاپپاراتىنىڭ پەيدا قىلغان ھاياجىنىدىنلا ئىبارەت ئىدى. سەھرادىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان بىر رەسسام بولۇش ۋە فانتازىيىلىك خىياللار ئىچىدە ياشايدۇ. ئۆكتەبىر باشلىرىدا، كۇبىزېكنىڭ مۇئەللىمى يېتەكچىلىكىدە پىيانو چېلىشنى ئۆگىنىدۇ. پاۋلا بۇ ئىشنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: “ئاپام ئۇنىڭغا «خېيتزمان» ماركىلىق چوڭ بىر پىيانو ئېلىپ بەردى. ئادولف بۇ پىيانونىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىۋالسا بىر قانچە سائەت چېلىپ ئولتۇرۇۋالاتتى.” بۇنداق بىر بالا ئۈچۈن ھەر قانچە پۇل خەجلىسىمۇ ئاز دەيتتى ئاپىسى. تەخمىنەن شۇ ۋاقىتلاردا ھىتلېر دوستىغا ئۇنى بەكلا ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر سىرىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئىش، ئۇ ئىككىسى تۇنجى قېتىم ۋاگنېرنىڭ «ريېنزى» نى كۆرگىلى بارغاندا يۈز بېرىدۇ. ئوپېرادىكى باش قەھرىمان رىمنى قوغداپ كېلىۋاتقان ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنىڭ ئۆرلەپ-چۈشۈپ تۇرۇشى ئادولفقا باشقىچىلا تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتە ئۇ، پەردە يېپىلىشى بىلەن تەڭ، دەرھال قوللىرىنى شىلتىغىنىچە ئارتىسلارنى ياكى ئوركېستىرىنى تەنقىدلەپ سۆزلەپ كېتەتتى. ئەمما ئۇ ئاخشىمى ئۇ ئۈنىنىمۇ چىقارمايدۇ، ئەكسىچە غەلىتە بىر قاراشتا، ھەتتا غەزەپلىك قارىشى بىلەن دوستىغا تىكىلىپ قاراپ ئۇنى تەمتىرىتىپلا قويىدۇ. ھىتلېرنىڭ چىرايى شۇ چاغدا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي پەلتوسىنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن كۇلۇبتىن كوچىغا چىقىدۇ. ئۇ كۈنلەر نويابىر ئايلىرى بولغاچقا، ھاۋامۇ سوغۇق ئىدى. ئۇ بەكلا خاپا كۆرۈنەتتى. نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرغان دوستىنى يېتىلىگىنىچە تاغ يامزىلىدىكى چىغىر يول بىلەن مېڭىپ تىك يارلىق تاغ چوققىسىغا چىقىدۇ. ئۇ تۇيۇقسىزلا دوستىنىڭ ئىككى قولىنى قامىلاپ ئەسەبىيلەرچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ ئۈنى پۈتكۈچە قاتتىق ۋارقىراپ سۆزلەپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ قېلىۋاتاتتى. كۇبىزېك ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ دوستىنى ئۆزىنى يوقاتقان بىرسىگە ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. يەنى “ئۇ پۈتۈنلەي ئەسەبىيلىشىپ تۇرۇپلا خۇشال بولۇپ كەتسە تۇرۇپلا غەزەپلىنىپ كېتەتتى. ئۇ كۈنى ئادولف ئويۇندىكى باش قەھرىماننى مېنىڭ ئۈلگەم دەپ ئېيتمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ فانتازىيىلىك ئىپادىلەش كۈچى باش قەھرىمان ريېنزىنى چوقۇنىدىغان قەھرىمانلىق ئۈلگىسى دەپ تەسۋىرلەپ كەتتى.” شۇ چاغقىچە كۇبىزېك بۇ دوستىنىڭ بىردىن بىر غايىسىنىڭ بىر رەسسام ياكى بىناكار بولۇپ چىقىش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ يۈرگەن ئىدى. مانا ئەمدى ئادولفنى پەقەتلا تونۇيالماي قالىدۇ. ئۇ ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ “گويا ئۇنىڭغا ئېغىر بىر ۋەزىپە يۈكلەنگەندەك، كۈنلەرنىڭ بىرىدە خەلق  ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ پۈتۈن ھوقۇقلارنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدىغاندەك،” ھۇررا دەپ توۋلاشقىنىچە ئۇنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى، خەلق ئۇنى ئۆزلىرىگە داھىيلىق قىلىپ ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېتەكلەپ مېڭىشىنى تەلەپ قىلىدىغاندەك سۆزلەپ كېتىدۇ. بۇ ئاجايىپ غەلىتە تەسۋىر بەلكىم ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىۋالغان بىر خىيالى تەسۋىر بۆلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇ ھەقىقەتەن ھىتلېرنىڭ رومانتىك خىياللىرى بىلەن قەلبىنى تولۇق تەسۋىرلەپ بېرەلىگەن ئىدى. ئۇلار تاغدىن چۈشۈپ كۇبىزېكنىڭ تۇرۇۋاتقان يېرىگە كەلگىنىدە، ۋاقىت يېرىم كېچىدىن ئاشقان، سائەت ئۈچ بولغان ئىدى. ئىككىسى ھاياجان ئىچىدە قول ئېلىشىپ تەنتەنىلىك بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىنمۇ ئادولف ئۆيىگە قايتىش ئورنىغا قايتا تاغ چوققىسىغا چىقىپ يالغۇز بىر ئاز تۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەر ئادولفنىڭ خىياللار ئىچىدە يۈرگىنىدىن خۇشال كۆرۈنسىمۇ ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمەيمۇ قالمايتتى. پاۋلا ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: “ئۇ بىزگە رەپىتىس قىلغاندەك قىياپەت بىلەن تارىخ توغرىلىق، سىياسەت ھەققىدە نۇتۇقلار سۆزلەپ كېتەتتى.”
تاغدىكى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خېلى ئۇزۇنغىچە جىمىپلا قالىدۇ. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئۆزىنى خۇددى دوستويوۋېسكى (1821~1881، ئۇرۇس يازغۇچى) نىڭ ھېكايىسىدىكى باش قەھرىمانغا ئوخشاش قەلبى جاراھەتلەنگەن، باشقىلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلىدۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى دەۋرىدىلا بۇ دۇنياغا كىرىپ كېلىۋاتقاندەك ئويلاپ كېتىدۇ. ئۇ، پىيانو چېلىش دەرسىنىمۇ تۆت قېتىملىق دەرستىن كېيىنلا تاشلاپ قويىدۇ. كۇبىزېك، “زېرىكىشلىك بارماق ھەرىكەت مەشىقى ئۇنىڭغا پەقەتلا ماس كەلمەيتتى، شۇڭا ئۇ پيانو ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويدى” دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇنىڭ باشقا بىر سەۋەبى بۆلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. يەنى، ئاپىسى كلارا ھىتلېرنىڭ سالامەتلىكى ئۇ كۈنلەردە كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىۋاتاتتى. 1907-يىلىنىڭ 14-يانۋار كۈنى، يەنى ئادولف پيانو ئۆگىنىشنى توختىتىشتىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال، ئاپىسى نامراتلار دوختۇرى دەپ شۆھرەت قازانغان يەھۇدىي دوختۇر ئېدۋارد بلوكنىڭ يېنىغا بېرىپ كۆرۈنگەن: كلارا دوختۇرغا، كۆكسىدە بىر تۈرلۈك ئاغرىق پەيدا بولغانلىقىنى، بۇ ئاغرىق دەردىدە كېچىچە كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. دوختۇرنىڭ دىئاگنوزى ھىتلېر خانىمىنىڭ “كۆكسىدە يۇغان بىر ئۆسمە بارلىقى” نى كۆرسەتمەكتە ئىدى. دوختۇر بلوك، بۇ بىمارىغا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن پەقەتلا تىنمايدۇ.23 ئەتىسى، دوختۇر بلوك كلارانىڭ بالىلىرى ئادولف بىلەن پاۋلا ئىككىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئاپىسىنىڭ بەكلا ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىردىن-بىر چارىسى ئوپېراتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئادولف بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ پەقەتلا چىدىماي قالىدۇ. بۇنىڭدىن دوختۇر قاتتىق تەسىرلىنىپ كېتىدۇ: “ئۇنىڭ تاتارغان ئۇزۇن يۈزى دومسىيىپ دەرھال يىغا ئولىشىپ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلىدى: ’ئاپامدىن پەقەتلا ئۈمىد يوقمىدۇ؟‘ دەپ  سورايدۇ. مەن ئادولف بىلەن كلارا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئانا-بالىلىق مۇھەببىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم.”
پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر كلارا ھىتلېرنى تەۋەككۈل قىلىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ. 17-يانۋار كۈنى، كلارا ھىتلېر لىنز شەھىرىدىكى «ئاچا-سىڭىللار خەير-ساخاۋەت دوختۇرخانىسى» غا ياتقۇزۇلىدۇ. ئەتىسى دوختۇر كارل ئۇربان، كلارانىڭ بىر كۆكسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىپ تاشلايدۇ. بۇ چاغدا، قاچانلا كەل دېسە دەرھال يېتىپ كېلىدىغان بەكلا تېرىككەك دۈمچەك كىچىك ئاپىسى جوھاننا، چاقىرىلغان كۈنىلا سپىتالدىن كېلىپ ئۆيىدە بالىلىرىغا قاراپ تۇرۇپ بېرىدۇ. كلارا كۈنلۈكى 3 كرونېنلىق ئۈچىنچى دەرىجىلىك بالنىستتا 19 كۈن ياتىدۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭدا تېخىمۇ ئازادە ياتاقتا يېتىش ئۈچۈنمۇ يەتكىدەك پۇلى بار ئىدى. ئەمما ئۇنىڭدا تېجەشلىك بىلەن ئائىلە باشقۇرۇش ئادىتى بولغاچقا بۇ ئەرزان ياتاقنى تاللىۋالغان ئىدى. دوختۇرخانىدىن چىققىنىدا خۇمبولدتسىتراس كوچىسىدىكى بىنانىڭ ئۈچ قەۋەتلىك پەلەمپىيىدىن چىقىپ چۈشۈش كلاراغا ئېغىر كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ يىلى ئەتىياز ئاخىرلىرى دوناي دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى ئۇرفار شەھەر ئەتراپى رايونىنىڭ بلۈتېڭگاس كوچىسى 9-نومۇرىغا كۆچۈپ كېتىدۇ. بۇ يېڭى ئۆي تاشتىن ياسالغان ئۆي بولۇپ، بىنانىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق ئىدى، ئۇلار ئىككىنچى قەۋىتىدىن ئۈچ ئېغىزلىق بىر ئۆيدە تۇرىدۇ. بۇ يەر بەكلا تىنچ، ئازادە  بىر يەر بولۇپ، ترامۋايغا ئولتۇرۇپ چوڭ كۆرۈكتىن ئۆتسىلا ئادولف پات-پات بېرىپ تۇرىدىغان يەرگە بارغىلى بولاتتى.
بۇ كۈنلەردە ئادولفتا باشقا بىر روھى ھادىسە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: يەنى ئۇ ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدى. تا شۇ يېشىغا كەلگۈچە ئادولفنىڭ قىزلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەكلا يۈزەكى ئىدى. ئالايلۇق، بىر قېتىم سپىتالدا يازلىق دەم ئېلىش قىلىۋاتقىنىدا، ئېغىلدا كالا سېغىۋاتقان بىر قىز بىلەن تەساددىپى دوقۇرۇشۇپ قالىدۇ. قىز ئۇنىڭدىن باشقىچە تەلەپنىمۇ قويغىنىدا، ئادولف دەرھال قىزنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن، ھەتتا قاچىمەن دەپ لىق سۈت چىلىكىنىمۇ پۇتلىشىپ ئۆرۈۋەتكەن ئىدى. بىر كۈنى ئۇ كۇبىزېك بىلەن لاندستراس كوچىسىدا سەيلە قىلىپ يۈرگىنىدە “سالاپەتلىك كۆرۈنۈشلۈك، ئېگىز بويلۇق زىلۋا بىر قىز” غا دۇچ كەلگەن؛ ئۇ قىز قويۇق چاچلىرىنى چىرايلىق تاراپ تۈگىۋالغان بولۇپ، ئۇنى ھەقىقەتەن شىمالى ياۋروپا رىۋايەتلىرىدىكى ئىلاھىيەلەرنىڭ دېدەكلىرىدەك ياش “ۋالكىيرىيە” گە ئوخشىتىش مۇمكىن ئىدى. ئادولف قىزنى كۆرۈپ ھاياجانلانغانلىقىدىن دەرھال ھەمراھىنىڭ بىلىكىنى نوقۇپ: “ماڭا قارا گۇستىل، بۇ قىزغا كۆيۈپ قالدىم” دەپ ئۇدۇللا ئېيتىدۇ. ئۇ قىزنىڭ ئىسمى ستېفانىيە جانستېن بولۇپ، ئۇمۇ ئۇرفاردا تۇراتتى. ئادولف ئۇ قىزغا ئاتاپ بەكلا كۆپ مۇھەببەت شېئىرى يازىدۇ. بۇ شېئىرلىرىدىن بىرى «سۆيگەن قىزىمغا» دېگەن بېغىشلىما شېئىرى ئىدى. ئادولف بۇ شېئىرىنى سادىق دوستى گۇستىلغىمۇ دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىدۇ. ھىتلېر، ئۇ قىز بىلەن پەقەتلا سۆزلىشەلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، “بىرەر ئېغىز گەپ قىلىشمىساڭمۇ ھەممە ئېنىق ئوتتۇرىدا!” دەيتتى ھىتلېر. ئۇ ئىككىسى ھەقىقەتەن بەختلىك جۈپتە ئىدى، بۇنى ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە يىراقتىن بېقىشىغا قاراپلا ھېس قىلىش مۇمكىن ئىدى. “بۇنداق ئىشلارنىڭ سىرىنى زادىلا بىلگىلى بولمايدىكەن. — دەيدۇ ھىتلېر، — مەن قەلبىمدە ھېس قىلغانلىرىمنى ئۇ قىزمۇ چوقۇم ھېس قىلغان بۆلىشى كېرەك.” كۇبىزېك ئۇنى دەرھال بېرىپ قىزغا ھەمدە ستېفانىيەنىڭ ھەر دائىم بىرگە ئايلىنىپلا يۈرىدىغان ئاپىسىغا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشىنى تەكلىپ قىلىدۇ. ئەمما ھىتلېر بۇنداق قىلىشقا ئۇنىمايدۇ. ھىتلېر، ئەگەر مەن بېرىپ ئۆزۈمنى تونۇشتۇرماقچى بولسام، نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىمنىمۇ ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەمما مەن تېخى كەسپى رەسسام ئەمەستە، دەيدۇ. ھىتلېر يەنە بىر تەرەپتىن نورۋىگ ئەپسانىلىرى بىلەن نېمىس ئەپسانىلىرىنىمۇ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى. بۇ جەرياندا، ئەپسانىلەردىكى قىزلارنىڭ ھەممىسىلا پەۋقۇلئاددە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمما ھىتلېر جىنسىي چۈشەنچىلەر ھەققىدە رومانتىك، چەۋەندازلارچە قاراشقا ئىگە بىرى ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنى خۇددى نېمىس رىۋايەتلىرىدىكى سيېگفريېدقا ئوخشاش بېرىپ ئادەتتىكى بىر ئادەم قاتارىدا تونۇشتۇرۇشنى قەتئىي خالىمايتتى. ئۇنىڭ بۇ رومانتىك خىيالى ئاخىرى تەلۋىلىككە ئايلىنىدۇ. ئەمما ئۇ قىز توغرىلىق بارلىق ئۇرۇنۇشلىرى كارغا كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ كۇبىزېك بېرىپ قىزنىڭ ئاپىسىنى گەپكە تۇتۇپ تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بېرىپ قىزنى قاچۇرۇپ كېتىشنىمۇ ئويلاپ كېتىدۇ.
ستېفانىيە ئۇنىڭغا كۆز قىرىنىمۇ سالماي يۈرۈۋېرىدۇ. شۇڭا ھىتلېر، قىز بەلكىم مەندىن رەنجىپ يۈرسە كېرەك دەپ ئويلايدۇ (ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ قىز بىر لىتېنات بىلەن پۈتۈشۈپ قويغان ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندە، ئەگەر بۇ قىز ھىتلېرنىڭ بىر ۋاقىتلاردا ئۆزىنى ھەقىقەتەن چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپسا قانچىلىك چۆچۈپ كەتكەن بولار ئىدى؟).24 مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولغىنىدىن كېيىن، بۇندىن كېيىن ئاشىق دېگەن بۇ ئىشقا قەتئىي يېقىن يولىمايمەن دەپ قەسەم قىلىۋېتىدۇ. “مەن بۇ ئىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشۇم كېرەك!” دېگىنىچە ئۆزىنى دەرياغا ئېتىپ ئۆلۈۋېلىشنى، كۆۋرۈكتىن دوناي دەرياسىغا سەكرەپ ئۆلۈۋېلىشىنى ئويلاپ كېتىدۇ. ئەمما، ئۇ چاغدا ستېفانىيمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشقى مۇھەببەت يولىدا ئۆلۈۋېلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا ئۇ، بۇ ئىشنى باشقىلارنىڭ توقۇپ چىقىرىدىغان سۆز-چۆچەكلىرىنىمۇ كۆزدە تۇتقان ھالدا ئەتراپلىق ئويلاپ پىلانلاشقا كىرىشىدۇ. بۇ پاجىئەلىك ئىشتا كۇبىزېك شاھىتلىق رولىنى ئوينىشى كېرەك ئىدى.
بۇ ئاشىق ۋەقەسى، خىيالى دۇنيادا ياشايدىغان، ھېسسىياتچان، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان بىر يىگىتكە نىسبەتەن غەلىتە ھېسابلانمايتتى. بۇ ئىش ئوڭۇشلۇق بولغىنىدا ئۇلار ئىككىسى بىرلىشەلىگەن ھېسابلىناتتى. نەتىجىدە رەسسام بولۇش دەيدىغان خام خىيالىمۇ شۇنىڭ بىلەن كۆمۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئەگەر بۇ پىلانى مەغلۇپ بولغۇدەك قىلسىمۇ كېرەك يوق، ئۇ چاغدا ھەم تاتلىق، ھەم ئاچچىق خىياللار ئىچىدە تەڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۇ جەرياندا تېخىمۇ مۇھىم بولغان باشقا بىر ئىش، ئۇنىڭ كاللىسىدىكى ستېفانىيە تەسۋىرىنى تېزلا ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئادولفنىڭ ئىجادىيەت ھەۋىسى رەسىمدىن بىناكارلىققا ئالماشقان ئىدى. ئادولف گەرچە رەسىم سىزىش ئىشىنى تاشلاپ قويماي بېرىلىپ سۇ بوياق رەسىمى سىزىش بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەن، ئىجادىيەتلىرىدە ھەقىقەتەن بەزى تالانتلىرى ئىپادىلەنگەندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئىچىدىن قايناپ تۇرغان ئارزۇسى بىلەن ھېسسىياتىنى قاندۇرۇشقا زادىلا يەتمەيتتى. “ئادولف ھېچ قاچان ئەستايىدىللىق بىلەن رەسىم سىزىپ باققان ئەمەس. — دەيدۇ كۇبىزېك، — ئۇنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى غايىلىرى بار ئىدى. رەسىم سىزىش، ئۇنىڭ بۇ غايىسىدىن تاشقىرى ئىشتىن سىرتقى بىر ھەۋەسلا ئىدى، خالاس.” شۇنداقتىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدىكى بىنا لايىھىلەش ھەۋىسى ئۇنىڭ ھەرگىز ۋاز كېچەلمەيدىغان كەشپىيات ھەۋىسى بىلەن ئېنىق قانۇنىيەتكە بېرىلىش خاراكتېرىنى ئىپادىلەيتتى. ئۇ، غايىسىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، ھەتتا لىنزنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئىشىنىمۇ خىيال قىلىپ يۈرەتتى. ئۇ دائىم دېگۈدەك لىنزنىڭ يېڭى چېركاۋ بىناسى ئالدىدا تۇرۇپ، بۇ بىنانىڭ بەزى تەرەپلىرىنى ماختاپ كەتسە، يەنە بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسىتىپ تەنقىدلەپمۇ قوياتتى. ھىتلېر بۇ چېركاۋ بىناسىنى ئۆزگەرتىپ چىقىش ئۈچۈن بىنانى قايتىدىن لايىھىلەشكە كىرىشىپ، بىراقلا بىر قانچە خىل لايىھىسىنى سىزىپ چىقىدۇ. “ئۇ، ئۆزىنى پۈتۈنلەي خىيالىدىكى بىنالارغا ئاتىۋەتكەن بولۇپ، بىنالار ئۇنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان ئىدى” دەيدۇ كۇبىزېك. ھىتلېرمۇ ئۆزىنىڭ بىردىن بىر تىڭشىغۇچىسى بولغان بۇ دوستى بىلەن كوچا ئايلانغان ۋاقىتلىرىدا، كوچىدىكى قايسى بىر بىنانىڭ ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولغان يەرلىرىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قانداق ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى لايىھىسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ كېتەتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى دېگەندەك ھەيۋەتلىك ھېسابلانمايدىكەن. شۇڭا ئۇ، بۇ بىنانى زامانىۋى بىر بىنا بىلەن ئالماشتۇرۇش لايىھىسىنى چۈشەندۈرۈشكە كىرىشىدۇ. شەھەر سېپىلىمۇ بەكلا سەت بولغاچقا، ئۇنىمۇ قايتا لايىھىلەپ چىقىش كېرەكلىكىنى، شۇ ئارقىلىق شەھەر سېپىلىنىڭ بۇرۇنقى ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ كېتەتتى. يېڭىدىن سېلىنغان مۇزى بىناسى ئۇنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالاتتى. ئۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ مەرمەردە ياسالغان نەقىشلىق تاملارنى ئالاھىدە ماختاپ باھالاپ كېتەتتى. بۇ تاملاردا بىر قىسىم تارىخىي مەنزىرىلەر تەسۋىرلەنگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا بۇ تامنى ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇۋالاتتى. ئۇ، بۇ مەرمەر تامنى يەنە بىر ھەسسە ئۇزارتىپ ياۋروپانىڭ ئەڭ ئۇزۇن بېزەكلىك تېمىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك دەپ قارايتتى.
ئۇ يەنە پويىز ئىستانسىسى ئۈچۈنمۇ يېڭىدىن بىر بىنا لايىھىلەپ چىققان بولۇپ، بۇلار ئۇنىڭ شەھەر لايىھىلەش پىلانىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىش قىزغىنلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. لىنز كۈنسايىن كېڭىيىپ بېرىۋاتقان بىر شەھەر بولغاچقا، قاتناش راۋانلىقىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان شەھەر كۆرۈنۈشىنى بۇزىدىغان تۆمۈر يولنىمۇ سۆكۈۋېتىش كېرەكلىكىنى، پويىز ئىستانسىسىنىمۇ شەھەر ئىچىدىن شەھەر سىرتىغا كۆچۈرىۋېتىش كېرەكلىكىنى، رېلىسلارنىمۇ يەر بىلەن تەڭ قىلىپ ياتقۇزۇش كېرەكلىكىنى سۆزلەيتتى. شەھەر باغچىسىنىمۇ ھازىرقى پويىز ئىستانسىسى ئورنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كېڭەيتىپ قۇرۇش كېرەك دەيتتى. ئۇنىڭ خىيال دۇنياسىنىڭ چېكى يوق ئىدى. ئۇ يەنە تۆمۈر يولنى لېچتېنبېرگنىڭ چوققىسىغىچە ئۇزارتىش كېرەكلىكىنى، ئۇ يەرگە ھەشەمەتلىك مېھمانخانىدىن بىرنى سېلىپ، يېنىغا ئېگىزلىكى 300 فود كېلىدىغان پولات مۇنارىدىن بىرنى تىكلەش، بۇ مۇنارىنى دوناي دەرياسىدىكى سۈپەتلىك كۆرۈك بىلەن بىر پۈتۈن ھالغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى خىيال قىلاتتى.
ھىتلېر ئاساسەن كىشىلەرگە ئارىلاشماي يۈرەتتى. ئاخشاملىرى بەكلا كەچ ياتاتتى؛ كۈندۈزلىرى پۈتۈن كۈن ئۆيىگە قامىلىۋېلىپ كىتاب ئوقۇيتتى يا بولمىسا رەسىم سىزىش، بىنا لايىھىسى سىزىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۇ تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى قوشنىسى پوچتىخانا باشلىقىنىڭ ئايالى بولۇپ، بۇ ئايال ئادولفنىڭ ھەر كۈنى ئاخشىمى سائەت 6 دىن كېيىن تالاغا چىقىدىغانلىقىنى، كۇبىزېك بىلەن بىرگە قايتقاندىن كېيىن ئاشخانا ئۆيىدە تىنماي تارقىشىپ تا يېرىم كېچىگىچە بېسىقمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىر كۈنى، بۇ ئايالنىڭ يولدىشى ئادولفنى پوچتىخانىدا ئىشلەپ قېلىشىنى مەسلىھەت قىلىۋېدى، ئۇنىڭغا كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم ئاتاقلىق بىر رەسسام بولۇپ چىقىمەن دەپ جاۋاب بېرىپ، ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىنى سىلىقلىق بىلەن رەت قىلىدۇ.25 ئۆي ئىگىسى ئۇنىڭغا رەسسام بولۇشقا ئۇنىڭ بەزى يېتەرسىزلىكلىرى بارلىقىنى ئېيتقىنىدا، ھىتلېر: “ماكوردت بىلەن روپونسېت ئىككىسىمۇ ئۆزىنى تونۇتۇشتىن بۇرۇن بەكلا نامرات ئىكەندۇق” دەپ قىسقا مىسال بىلەن جاۋاب بېرىدۇ.
ئادولف جىم تۇرالمايدىغان بىرى ئىدى. لىنزدىمۇ ئۇنىڭغا يارىغىدەك بىرەر ئىش يوق دەپ قارايتتى. شۇڭا ئۇ، سىرتقا چىقىپ تاشقى دۇنيانى كۆرۈپ بېقىشنى، بولۇپمۇ ۋيېنناغا بېرىشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ پۈتۈن چارىلارنى ئىشقا سېلىپ يۈرۈپ ئاخىرى ۋيېننادىكى سەنئەت ئىنستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇش نىيىتى بارلىقىغا ئاپىسىنى قايىل قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن كلارامۇ كۈيئوغلى، بالىلىرىنىڭ ھىمايىچىسى بولغان جوزېف مايرخوفېرنىڭ گېپى بويىچە بۇنىڭغا ماقۇل بولماي يۈرەتتى. ئۇ ئىككىسى ئادولفنىڭ بىرەر ئىشقا يارىغىدەك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقتى كەلدى دەپ چىڭ تۇرۇۋېلىشاتتى. مايرخوفېر ھەتتا ئادولفنى شاگىرتلىققا ئېلىشقا ماقۇل بولغان بىر بولكىخانا خوجايىنىنى تېپىپ قويغانلىقىنىمۇ ئېيتىدۇ.
شۇنىڭغا قارىماي، كلارادىمۇ ئوغلىنىڭ چىڭ تۇرۇپ قىلغان ئىلتىماسىنى رەت قىلغۇدەك كۈچ يوق ئىدى. شۇ يىلى يازدا، ئۇنىڭ ئاۋسترىيە ۋاكالەت بانكىسىدىكى 7 يۈز كرونېن مىراسىنى ئېلىشىغا ماقۇل بولىدۇ. بۇ پۇل، ئادولفنىڭ ۋيېننادا بىر يىل تۇرۇپ خەجلىشىگە يېتەتتى. ھەتتا سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشكىمۇ يېتەتتى. ئادولفنىڭ قولغا كەلتۈرگەن بۇ ئۇتۇقى ئاپىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا ئىدى. شۇڭا ئۇ، بىر تەرەپتىن مەيۈسلەنگەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلغان ھالدا ھاياجان ئىچىدە ئۆيىدىن ئايرىلىدۇ. سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچى ئېلىش ئىمتىھان كۈنى ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، دەرھال ۋيېنناغا قاراپ يولغا چىقمىغىنىدا ئۇنىڭ بۇ ئىشى يەنە بىر يىل كەينىگە سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. 1907-يىلى كۈز ئايلىرىنىڭ بىر ئەتىگىنى، كۇبىزېك، بلۈتېڭگاس 9-نومۇرلۇق بىنانىڭ ئالدىدا پەيدا بولىدۇ. كلارا بىلەن پاۋلا ئىككىسى يىغلىشىپ تۇراتتى. ئادولفنىڭمۇ كۆزى ياشقا تولغان ئىدى. ئۇنىڭ تىرە چامادانى خېلىلا ئېغىر كۆرۈنەتتى. شۇڭا كۇبىزېك بىرلىكتە كۆتۈرۈپ ترامۋايغا چىقىدۇ.
ئۇ بىرىنچى قېتىم ۋيېنناغا بارغان ۋاقتىدا، دوستىغا ئۈزۈلدۈرمەي پوچتا ئاتكرىتكىسى ئەۋەتىپ تۇرغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم كەتكىلى ئون كۈن بولاي دېگەن بولسىمۇ ھېلىغىچە بىرەر خەۋىرى يوق ئىدى. شۇڭا كۇبىزېك كۆڭلىدە ئەجەبا ئادولف كېسەل بولۇپ قالدىمۇ قانداق دەپ غەم قىلىدۇ، ھەتتا بىرەر قاتناش ۋەقەسىگە يولۇققان، ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەن بولمىسۇن يەنە دەپ ئەنسىرەيتتى. شۇڭا ئۇ، ئوغلىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالغان-ئالمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھىتلېر خانىمىنىڭ يېنىغا بارىدۇ. ئەمما كلارا كۇبىزېكنى كۆرەر-كۆرمەي “ئادولفتىن بىرەر خەۋەر يوقمۇ؟” دەپ ئالدىراپ سورايدۇ. ئاپىنىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىنمۇ ئوغلىنىڭ خەۋەر بەرمەي جىم يېتىۋېلىشىدىن رەنجىگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئادولف ئۆيدىن ئايرىلىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭمۇ كۆڭلى ئوغلى بىلەن بىرگە ۋيېنناغا كەتكەندەك ئىدى. شۇڭا بۇ ئايال ساغرىپ تاتىرىپ مۈكچىيىپلا قالغان ئىدى. ئانا يەنە شۇ بۇرۇنقى گېپىنى تەكرارلاپ، ئوغلۇم نېمىشقا تۈزۈك بىر كەسىپ تاللاشقا ماقۇل دېمەيدىغاندۇ، دەپ غۇدۇرايدۇ. “رەسىم سىزىپ، كىتاب يېزىپ قانداقمۇ تۇرمۇشىنى قامدىغىلى بولسۇن؟” ئوغلىنىڭ مىراس پۇلىنى بۇنداق كارغا كەلمەس ۋيېننا ساياھىتى دېگەندەك ئىشلارغا خەجلەپ تۈگىتىۋېتىشىگىمۇ نارازى ئىدى. بۇ بالا ئۇكىسى پاۋلانىڭ غېمىنى بولسىمۇ قىلسا بولماسمىدى؟
ئادولف، ۋيېنناغا بېرىپ ستۇمپېرگاس كوچىسى 29-نومۇرلۇق بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيگە چۈشىدۇ. بۇ يەر ۋېستباخىنخوفقا يېقىن بىر يەر بولۇپ، ئۆي خوجايىنى زاكرېيس دېگەن پولەك ئايال ئىدى. ئادولف، مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن چوقۇم تاللىنىمەن دەپ ئۆزىگە بەكلا ئىشەنچ قىلاتتى. ئەمما ئىمتىھان نەتىجىسىنى كۆرۈپ ئۇجۇقۇپلا كېتىدۇ: “ئىمتىھان ئۈچۈن تاپشۇرغان رەسىملىرى قايىل قىلارلىق ئەمەس” دېيىلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن ئۇجۇقۇپ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگراپلا قالىدۇ. ئۇ ئىنستىتۇت مۇدىرىنىڭ قېشىغا كىرىپ سەۋەبىنى سورىغىنىدا مۇدىر ئۇنىڭغا، “سىزغان رەسىملىرىڭدىن رەسىم سىزىشقا مۇۋاپىق بىرى ئەمەسلىكىڭ ئېنىق. بەلكىم نورمال رەسىم سىزىشقا قارىغاندا بىنا لايىھىلەش رەسىملىرىنى سىزىشقا قابىلىيەتلىكتەك كۆرۈنىسەن” دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
ھىتلېر پۈتۈنلەي روھى چۈشكەن ھالدا ئىنستىتۇتتىن ئايرىلىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە، كۇبىزېكنىڭ بىر ۋاقىتلاردا ئۇنىڭغا: سىزغان رەسىملىرىڭ ئىشتىن سىرت قىزىققۇچى بىرىنىڭ سىزغان رەسىملىرىگىلا ئوخشايدىكەن، ئەسلىدە سەن بىناكارلىق ئىنژېنېرى بۆلىشىڭ كېرەك ئىكەندۇق دېگىنىدە، ئەسلىدە دوستىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى مانا ئاندىلا چۈشەنگەندەك قىلىدۇ. ئادولف، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە دۇچ كەلگەن بۇ قىيىنچىلىقتىن قانداق قۇتۇلۇش لازىملىقى ھەققىدە غەم ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ.26 بىناكارلىق ئىنستىتۇتىدا ئوقۇشى ئۈچۈن بىناكارلىق مەكتەپلىرىدىن بىرىنىڭ دىپلومىغا ئىگە بۆلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇ، بۇنداق بىرەر مەكتەپتە ئوقۇيالىشى ئۈچۈن ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بۆلىشى كېرەك. ئادولف بۇنداق بىر دىپلومغا ئېرىشىش ئۈچۈن غەيرەت كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇنداقتىمۇ كۆز ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھەر خىل قىيىنچىلىقلار ئۇنى بۇنداق بىر مەكتەپتە ئوقۇشىنىمۇ چەكلەپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇ، بىر قانچە ھەپتىنى پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە، غايىسىز ھېسسىياتلار ئىچىدە ياتىقىغا قامىلىپ ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ توختىماي كىتاب ئوقۇيتتى. كەچلىرى تىياتىر كۆرگىلى باراتتى ياكى كوچىلاردا مەقسەتسىز ئايلىنىپ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بىنا مەنزىرىلىرىنى كۆرۈش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزەتتى.
ئۇرفاردا، كلارا ھىتلېر خانىمىنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا قالغان ئىدى. پوچتىخانا مۇدىرىنىڭ ئايالى ھودۇققىنىچە ئۇنىڭغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئادولف دەرھال ئاپىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ. 22-ئۆكتەبىر كۈنى، ئۇ بېرىپ دوختۇر بلوك بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشىدۇ. دوختۇر بلوك، ئاپىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى، دەرھال چوڭ بىر ئوپېراتسىيە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. قارىغاندا كلارانى ئوپېراتسىيە قىلىش ۋاقتىمۇ ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلاتتى. “ۋىرۇسلار قوۋرىغىسىدىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ” دەيدۇ بلوك دوختۇر (ئۇ دەۋرلەردە راك كېسىلىنى گېنىتىك ياكى ھۈجەيرە بۇزۇلۇشتىن پەيدا بولغان ئەمەس بەلكى مىكرەپ-ۋىرۇسلار كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىسا كېرەك؟ — ئۇ. ت). دوختۇر يەنە، بۇ تۈر داۋالاش ئۇسۇلى بەكلا خەتەرلىك ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى، يارىسىغا ئارتۇق مىقداردا يودىد ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، بۇ يەنە كېلىپ چىقىمنىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئادولف، قانچە پۇل كەتسە كەتسۇن، بىز يودىد پۇلىنى ئالدىن تۆلەيمىز، داۋالاش پۇلىنى كېيىن تولۇقلاپ بېرەلەيمىز دەيدۇ.
ئادولفنىڭ تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن دوستى چۆچۈپ كېتىدۇ. ئادولفنىڭ چىرايى سولغۇن، كۆزلىرىمۇ نۇرسىز كۆرۈنەتتى. ئۇ، دوستىغا ۋيېننادىن ئالدىراپ قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ بولۇپ دوختۇرلارنى تىللاپ ۋارقىراپ كېتىدۇ. ئۇلار ئاپاڭدىن ئۈمىد يوق دېگەن گەپنى قانداقمۇ ئېغىزىدىن چىقىرالايدۇ؟ قولىمىزدىن ئىش كەلمىدى دەپ ئوچۇق ئېتىراپ قىلىشتىن نېمىشقا قورقۇشىدۇ؟ ئادولف دوستىغا، ئۆگەي ھەدىسى ئانگېلا ئىككىنچى بالىسىنى تۇغۇپ ياتقانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى ئۆيىدە بىر مەزگىل ئاپىسىغا قارىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. كۇبىزېك ئۇنىڭ ستېفانىيە ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغانلىقىغا ھەيران قالىدۇ. بىر مەزگىلگىچە كۇبىزېكمۇ ئۇ قىز توغرىلىق ھىتلېرغا ئېغىز ئاچمايدۇ. ئادولفنىڭ پۈتۈن دىققىتى ئاپىسىنىڭ كېسىلى ئۈستىگىلا مەركەزلىشىپ قالغان ئىدى.
6-نويابىر كۈنى، كلارا ھەر كۈنى دېگۈدەك يودىد فرومغا موھتاج ھالغا كەلگەن ئىدى. يودىد فروم سۈرۈش شۇنداق ئازابلىق بولۇپ، ئاغرىپ جاننى ئالغۇدەك ئېچىشتۇراتتى. ئاۋۋال داكا يودىد فروم سۈيىگە چىلىنىپ قاتلىنىپ يارا ئۈستىگە سۈرتۈلەتتى (ئۇنىڭ پۇرىقى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتاتتى، ئۇ نەق دوختۇرخانا ھاۋاسى پۇرىقىنىڭ ئۆزىلا ئىدى). يودىد فروم مۇسكۇلغا سىڭىپ قاتتىق ئېچىشتۇرۇپلا قالماي، ئىچكى ئەزالارغا يېتىپ بارغۇدەكلا بولىدىكەن بىمار ھېچنېمىنى گېلىدىن ئۆتكۈزەلمەي قالاتتى. كلارانىڭ كانىيى قۇرۇپ ئوت بولۇپ يېنىپ كەتسىمۇ ئاغزىغا سۇ ئالالمايتتى. چۈنكى گېلىغا تەككەن ھەر قانداق بىر سۇيۇقلۇق خۇددى زەھەردەك ئېچىشتۇرىۋىتەتتى. ھىتلېر ئانىسىغا قاراش بىلەن بىرگە، يەنە پوچتىخانا باشلىقىنىڭ ئايالى، پاۋلا ۋە جوھاننا ھاممىسى بىلەن تەڭ ئۆي ئىشلىرىغىمۇ قارىشىپ يۈردى. دائىم ئوت قالاپ ئىسسىتىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن كلارا ئاشخانا ئۆيىگە ياتقۇزۇلغانىدى. قاچا-قۇچا ئىشكاپلىرى ئورنىغا بىر كارىۋات جايلاشتۇرۇلدى. ئادولف ئاپىسىنىڭ چاقىرىشىغا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشى ئۈچۈن ئەنە شۇ كارىۋاتتا يېتىپ-قوپاتتى. كۈندۈزلىرى ئادولف تاماق ئېتىش ئىشىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالاتتى. بۇنىڭدىن خۇشال بولغان كلارا خانىم كۇبىزېككە ماختىنىپ مۇنداق دەيدۇ: ھېچ قاچان مۇنچە ئىشتىھالىق بولۇپ باقماپتىكەنمەن، ئوغلۇمنىڭ تامىقىدىن ئىشتىھايىم بەكلا ئېچىلىپ كەتتى. بۇ گەپلەر بىلەن ئۇنىڭ ساماندەك ساغرىپ كەتكەن چىرايىغىمۇ ئاز-تولا قان يۈگۈرۈپ قالاتتى. “ئوغلىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خۇشال، يېنىدىن ئايرىلماي ئۇنىڭغا قاراۋاتقانلىقى، ئۆيىدە ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەي غەمدىن بېرى كەلمەي يۈرىدىغان بۇ بىچارە ئانىنىڭ يۈزىگە كۈلكە بېرىپ خېلىلا خۇشال قىلغان ئىدى.”
بىر تەرەپتىن زىمىستان سوغۇق، يەنە بىر تەرەپتىن تۇمان قاپلاپ كەتكەن شۇ كۈنلەردە ھىتلېردا كۆرۈلگەن شۇنچە زور ئۆزگىرىشلەردىن دوستى بەكلا ھەيران بولىدۇ. “بىرەر ئېغىزمۇ قاتتىق گەپ قىلمايتتى، غۇدۇراشلىرىمۇ يوقاپ كەتكەن بولۇپ، قوپاللىق قىلىپ ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدىغان مىجەزى پۈتۈنلەي يوقالغان ئىدى. — دەيدۇ شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ كۇبىزېك، — بۇ كۈنلەردە ئادولف ئاپىسى ئۈچۈنلا ياشىماقتا ئىدى.” ھەتتا ئۇ ئائىلىنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ رەسىمىلا ئائىلە بېشى بولۇپ قالغان ئىدى. پاۋلانىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ناچار بولۇپ قالسىلا ئۇنى ئەيىبلەپ كېتەتتى. بىر كۈنى ئۇ سىڭلىسىدىن بۇندىن كېيىن مەكتەپنىڭ ئەڭ تىرىشچان ئوقۇغۇچىسى بۆلىشى ئۈچۈن ۋەدىمۇ ئېلىۋالغان ئىدى. ھىتلېردا يۈز بەرگەن بۇ تۈردىكى غەلىتە ئۆزگىرىشلەر كۇبىزېكنى ھەقىقەتەن قاتتىق تەسىرلەندۈرىدۇ.27 “بەلكىم ھىتلېر ئاپىسىغا چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈنلا شۇنداق بۆلىۋالسا كېرەك ياكى ئاپىسىغا ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولسا كېرەك” دەپمۇ ئويلايدۇ.
كلارا ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىشى ھامان ئاغرىقنىڭ دەردىدە قاقشاشقا باشلايتتى. “كلارا ھەقىقەتەن چىداملىق بىر ئايال ئىدى. — دەيدۇ دوكتور بلوك كېيىنكى يىللاردا ئەسلەپ كېلىپ، — چىشىنى چىشلەپ قىلچىمۇ زارلانماي ياتاتتى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئوغلى ئادولفنى بەكلا ئازابلايتتى. ئۇ ئاپىسىنىڭ چىرايىدا ئەكس ئەتكەن ئازابلىنىش ئىزنى كۆرگىنىدە تەڭ ئازابلىنىپ كېتەتتى.” 20-دېكابىر كۈنى ئاخشىمى، كۇبىزېك ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرگىنىدە ھىتلېر خانىمى ئادولفىغا بېشىنى قويۇپ كارىۋاتتا ئولتۇرغانلىقىنى، ئۆزىنى خېلىلا راھەت ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، لېۋىنى چىشلەپ كۆزىنى يۇمۇۋالغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ چاغدا ئادولف دوستىغا قول ئىشارەت قىلىپ ئاپىسى بىلەن يالغۇز قالماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئەندىلا بۇرۇلۇپ ئۆيدىن چىقماقچى بولۇۋاتقىنىدا كلارا بوش ئاۋازدا ئۇنى توختىتىدۇ: “گۇستىل، — ئۇنى ھەمىشە كۇبىزېك ئەپەندىم دەپ چاقىراتتى، — مەندىن كېيىن ئوغلۇمنىڭ داۋاملىق يېقىن دوستى بولۇپ بەرگىن بولامدۇ؟ ئوغلۇمنىڭ سەندىن باشقا يېقىنى يوق.”
روشەنكى، شۇ كېچىسى كلارانىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرى كېلىپ قالغان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئۆيدىكىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن بېرىپ دوختۇر بلوكنى يەنە ئاۋارە قىلىپ يۈرۈشنى خالىمايدۇ. بۇ پەيتتە دوختۇر بلوكنىڭمۇ قولىدىن ھېچقانداق بىر ئىش كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. 21-دېكابىر سەھەر، ھىتلېرنىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا روژدېستۋو بايرىمى ئۈچۈن شام يېقىلىۋاتقان پەيتلەردە كلارا ئۈن-تۈنسىز بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان. ئەتىسى تاڭ يورۇغاندا، ئانگېلا بېرىپ دوختۇر بلوكنى چاقىرىپ كېلىپ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە قول قويدۇرىدۇ. دوختۇر بىر تەرەپتە ئولتۇرغان ئادولفقا كۆزى چۈشىدۇ. ئۇنىڭ چىرايى بەكلا مەيۈس كۆرۈنەتتى. بىر دەپتەردە كلارانىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىياپىتىنىڭ تېز رەسىمى سىزىلغان ئىدى. ھىتلېرنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن دوختۇر ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ: “مانا مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا بەرداشلىق بېرەلىگىنىڭدىلا ئاندىن ئۇنىڭغا ياردەم قىلالىغان ھېسابلىنىسەن” دەيدۇ. ئەمما بۇنداق گەپلەر ئادولفقا تەسەللى بولالمايتتى. “مېنىڭ بىر ئۆمۈر دوختۇرلۇق ھاياتىم بويىچە، — دەيدۇ بۇرۇن نۇرغۇنلىغان ئۆلۈم مەنزىرىلىرىنى كۆرگەن دوختۇر ئەسلەپ كېلىپ، — ئادولف ھىتلېردەك مۇنچە كۆڭلى يېرىم بولغان بىرىنى كۆرگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.”

2. “تۇرمۇش مېنىڭ مەكتىپىم”
1907-يىلى دېكابىردىن 1913-يىلى مايغىچە28

1
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-22 20:14:23 | ئايرىم كۆرۈش

2. “تۇرمۇش مېنىڭ مەكتىپىم”
1907-يىلى دېكابىردىن 1913-يىلى مايغىچە28

1
1907-يىلى 23-دېكابىر ئەتىگىنى ھەممە يەرنى تۇمان قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، ھاۋا بەكلا نەم ئىدى. “قاتتىق ياغاچتىن ياسىلىپ سىلىق لاكلانغان، ئەتراپى مېتال چەمبەرلەر بىلەن كۈچەيتىلگەن تاۋۇت” ئىچىدە ياتقان كلارانىڭ مېيىتى بلۈتېڭگاس 9-نومۇرلۇق بىنادىن چىقىرىلىدۇ. جىنازا ماشىنىسى جىمجىت كوچىنى بويلاپ چېركاۋ تەرەپكە قاراپ يولغا چۈشىدۇ. چېركاۋدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاددىي مۇراسىمدىن كېيىن ئانچە كۆپ بولمىغان ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشقانلار — بىر جىنازا ماشىنىسى بىلەن ئىككى قارا ماشىنىلىق ئاستا ماڭغىنىچە دوناي دەرياسىدىن ئۆتىدۇ. بىر تاغدىن ئېشىپ لېئوندىڭغا قاراپ يولغا چۈشىدۇ. كلارانىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئۇمۇ يولدىشىنىڭ يېنىغا يەرلىككە قويۇلىدۇ. ئىسمىمۇ يولدىشى ئۈچۈن تىكلەنگەن قەبرە تېشى ئۈستىگە ئويۇلىدۇ. پۈتۈن ئائىلە جەمەتى قارىلىق ئىچىدە، بۇرۇنقى ئۆيىنىڭ يېنىدىكى سۈرلۈك قەبرىستانلىق ئىچىدە ماتەمدە تۇرىدۇ. ئادولف قارا پەلتولۇق، قولىدا ئىگىز قارا قالپاق تۇتقىنىچە قاتاردا تۇراتتى. گۇستىلنىڭ كۆزىگە ئادولف تاتارغان ئەمما ئېغىر بېسىق كۆرۈنەتتى.
ھىتلېر ئائىلىسى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى روژدېستۋو كېچىسى ھەقىقەتەنمۇ كۆڭۈلسىز بىر كېچە ئىدى. پۈتۈن ئائىلە داۋالاش پۇلىنى تۆلەش ئۈچۈن دوختۇر بلوكنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. دورا پۇلى 359 كرونېنغا توختىغان بولۇپ، 59 كرونېنېن ئالدىن تۆلەنگەن ئىدى. تۆلىنىدىغان پۇل ئۇلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئاز پۇل ھېسابلانمايتتى. ئۇ پۇل كلارانىڭ پۈتۈن جۇغلانمىسىنىڭ تەخمىنەن ئوندا بىر قىسمىغا توغرا كېلەتتى. شۇنداقتىمۇ تۆلەنگەن پۇلنى بەك قىممەت بولۇپ كەتتى دېيىشكىمۇ بولمايتتى. چۈنكى بۇ پۇل دوختۇرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ياكى كىلىنكىسىدا دېگەندەك جەمئىي 77 قېتىم دىئاگنوز قويۇش بىلەن كۆپىنچىسى يودىدلىق داۋالاش بولغان 47 قېتىملىق داۋالاش ئۈچۈن تۆلەنگەن پۇل ئىدى. شۇڭا ئۇلار كام قالغان پۇلنى رازىمەنلىك بىلەن تۆلىشىدۇ. بۇ جەرياندا ھەدە-سىڭىل ئىككىسى دوختۇر بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرىدۇ. ئەمما ئادولف قارا پەلتو ئىچىدە گالستۇكىنى سەل بوشىتىپ قويۇپ يەرگە تىكىلگىنىچە ئۈن-تۈنسىز ئولتۇراتتى، چاچلىرى چۇۋۇلۇپ پىشانىسىغا تۆكۈلۈپ تۇراتتى. كېيىن ئۇ دوختۇرغا تىكىلگىنىچە قولىنى چىڭ تۇتۇپ رەھمەت ئېيتتى: “سىزگە مەڭگۈ رەھمەت ئېيتىمەن. — ئۇ بىر تەرەپتىن گەپ قىلغاچ ئورنىدىن تۇرۇپ دوختۇرغا ئېگىلىپ تازىم قىلىدۇ، — ئۇ ھازىر شۇ كۈندىكى ئەھۋاللارنى ئەسلىيەلەمدۇ بىلمەيمەن، دەيدۇ بلوك 35 يىلدىن كېيىن يازغان «كانچىلار — شاختورلار» دېگەن كىتابىدا، — ئىشىنىمەنكى، ئۇ بۇ ئىشلارنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقىرالمايدۇ. چۈنكى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئادولف ھىتلېر ۋەدىسىگە سادىق.29 مېنىڭچە، گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيە بويىچە ئۇنىڭ كېيىن ماڭا قىلغان ياخشىلىقنى مەندىن باشقا ھېچ بىر يەھۇدىيغا قىلمىغان دەپ ئويلايمەن.”
شۇ كۈنى، راۋباللار ئائىلىسى ئادولف بىلەن پاۋلا ئىككىسىنى روژدېستۋو — ئارچا بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيىگە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ ئادولف بۇ تەكلىپنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. ئۇ قېيناكىسى لېئوغا پەقەتلا ئىشەنمەيتتى. چۈنكى قېين ئاكىسى ھەر بىر پۇرسەتتە ئۇنى رەسسام بولىمەن دەيدىغان ئەخمىقانە خىيالىڭنى تاشلا دەپ زورلاپلا تۇراتتى. ئادولف، دوستىغا پۈتۈن تۇغقانلىرىم مەن بىلەنلا قاپتۇ دەپ قاخشايتتى. شۇڭا ئۇ، بۇ تۈردىكى گەپلەردىن ۋيېنناغا قېچىپ كېتىپ قۇتۇلماقچى ئىدى. ئادولف قەتئىي ئىرادىگە كەلگەن بولۇپ، چوقۇم داڭلىق بىر رەسسام بولۇپ چىقىمەن، بۇ پىكرىمدە خاتالاشمىغانلىقىمنى چوقۇم ئۇلارغا ئىسپاتلاپ كۆرسىتىمەن دەپ قەسەم قىلىدۇ.
ئۇ يەنە كۇبىزېككىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ بېزەكچىلىك دۇكىنىدىن قەتئىي تۈردە ئايرىلىپ چىقىشىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇزىكانت بولۇش يولىغا كىرىشىنى ئېيتاتتى. ئالدىنقى يىلى كۈزدىن بېرى، كۇبىزېكلار ئائىلىسى گۇستىلنىڭ ۋيېنناغا بېرىشىغا قەتئىي ئۇنىمايدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، ھىتلېرمۇ بۇ ئىشنى بەزىدە يالۋۇرۇپ، بەزىدە مۇنازىرىلىشىپ بولسىمۇ قايتا-قايتا سۆزلەپ، ۋيېننادىكى گۈزەللىكلەر، ئوپېرا، سىمفونىيە، ۋە شۇنىڭدەك ۋيېننادىكى ساناپ تۈگەتكۈسىز مۇزىكا ئۆگىنىش پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ياشانغان گۇستىل بىلەن ئاپىسىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. كۇبىزېك بوۋاينى گەپكە كۆندۈرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى. چۈنكى بۇ بوۋاي ئادولفنى “مەكتەپنىمۇ تولۇق پۈتتۈرەلمىگەن بىرى تۇرۇقلۇق ئۆزىنى بەكلا قالتىس چاغلاپ كېتىدىكەن. ئۇ ئۆمۈر بويى ھېچ نېمە ئۆگىنەلمەيدىغان تىپقا مەنسۇپ بىرى” دەپ قارايتتى. ئەمما، ھىتلېر شۇ ياشلىرىدىن تارتىپلا كىشىنى سۆز بىلەن قايىل قىلىش كۈچى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بىرى ھېسابلىناتتى. رىئالىست بولغان بوۋاي، ئوغلىنىڭ ۋيېننادا بىر سەنئەت ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىرگە تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ سەل يۇمشاپ ئوغلىنىڭ پايتەختتە بىر مەزگىل چېنىقىپ كېلىشىگە ماقۇل بولىدۇ.
ئادولف ۋيېننادا مەڭگۈلۈك تۇرۇپ قېلىش ئويى بارلىقىنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇكىسىغا ھامىيلىق قىلىۋاتقان كىشىگە ئېيتىپ قويۇش ئۈچۈن قايتا لېئوندىڭغا بارىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ يەردە ھېچ قانداق تالاش-تارتىش بولمايلا ئۇنىڭ دېگەنلىرى ماقۇل كۆرۈلىدۇ. مايرخوفېر ئەپەندى گەرچە ئىلاجسىز قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ تەلىبىگە قوشۇلىدۇ. كېيىن ئۇ قىزىغا، ماقۇل بولۇش، مېنىڭ ئۈستۈمدىكى بىر مەسئۇلىيەت دەيدۇ. ئادولف ماقۇللۇق ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئانگېلا ۋە يەڭگىسى جوھاننالار بىلەن بىر-ئىككى ھەپتە بىرگە تۇرۇش جەريانىدا ئۆي ئىچى ئىشلارنى ئۇلارغا بىر قۇر تاپىلاپ چىقىدۇ. شۇ جەرياندا ئۆيىنىڭ بارلىق قەرزلىرىنىمۇ تۆلەپ تۈگىتىدۇ. بۇ قەرزلەردىن37  كرونېنلىق دەپىنە قىلىش چىقىملىرىمۇ بار ئىدى. ئادولف يەنە پۈتۈن قوشنىلىرىغىمۇ ئاپىسىنىڭ كېسەل كۈنلىرىدە قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ. بولۇپمۇ پوچتىخانا باشلىقى ئەر-خوتۇن ئىككىسىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ئۆزى سىزغان رەسىمدىن بىرنى سوۋغات قىلىدۇ. پۈتۈن قەرزلەر تۆلەنگەندىن كېيىن كلارا تېجەشلىك خەجلەپ يىغقان ئۈچ مىڭ كرونېندىن ئارتۇق پۇل ئاشقان ئىدى. ئانگېلا 11 ياشلىق سىڭلىسى پاۋلانى بېقىش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۇ پۇلنىڭ ئۈچتە ئىككىسىدىن ئارتۇقراقى تېگىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، كىچىك ئالويىس ئادولفنى “ئالغان مىراسىنى قىزلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرگەنلىكىنى” ئېيتقان. چۈنكى راۋباللار ئائىلىسىدە مەبلەغ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئادولفمۇ ئۆزىگە تەۋە مىراسنىڭ ھەممىسىنى ھەدىسى ئانگېلاغا ئۆتۈنۈپ بېرىۋەتكەن، كىچىك ئالويىسمۇ ئۆزىگە تەۋە مىراس پۇلىنى پاۋلاغا ئۆتۈنۈپ بېرىۋەتكەنمىش. بۇ گەپلەر راست بولغىنىدا، ئادولف ۋيېننا سەپىرىگە بەكلا ئاز پۇل بىلەن، يەنى يېتىملەر پۇلى ۋە مىراسنىڭ قالغان ئاز قىسمىنىلا ئېلىپ ماڭغان بۆلىشى كېرەك.
فېۋرالنىڭ باشلىرىدا ۋيېننادىن پەۋقۇلئاددە بىر خوش خەۋەر كېلىدۇ: ئۇنىڭ بىر قوشنىسى مەلۇم بىر خانلىق ئوپېرانىڭ سەھنە لايىھىلىگۈچىسى بولغان پروفېسسور ئالفرېد روللېرنى قايىل قىلىپ ئادولف سىزغان رەسىملەرنى كۆرۈپ بېقىشقا ھەمدە مۇمكىن بولغىنىدا ئۇنىڭغا كەسپى ئىشلاردا مەسلىھەتچىلىك قىلىپ بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ خەۋەر ھىتلېرنى بەكلا خۇشال قىلىۋېتىدۇ.30 بۇ خەۋەر، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نارازىلىق پىكىرلىرىنى جىمىتىش ئۈچۈنمۇ كۆپ پايدىلىق ئىدى. شۇنداق قىلىپ ھىتلېر ۋيېنناغا بېرىشنى قورقماي پىلانلايدۇ. 1908-يىلى 10-فېۋرال كۈنى، ئۇ، سىڭلىسى پاۋلا ئىككىسىنىڭ يېتىملەر ياردەم پۇلى ئېلىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ تاپشۇرىدۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن، بۇ جەدۋەل بىر پارچە ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە قوشۇپ قايتۇرۇۋېتىلىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا، بۇ جەدۋەلنىڭ ئۇلارنىڭ ھامىيسى بولغان كىشى تەرىپىدىن قول قويۇپ ئىمزالانغان بۆلىشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، جەدۋەلنى مايرخوفېر ئەپەندىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ تەستىقلاش جاۋابىنى كۈتمەيلا ئالدىرىغىنىچە كىيىم-كىچىكى، كىتابلىرى ۋە رەسىم سىزىش ئەسۋابلىرى قاچىلانغان چامادانىنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيىدىكىلەر بىلەن ۋىدالىشىپ بلۈتېڭگاس 9-نومۇردىن مەڭگۈگە ئايرىلىدۇ.
گۇستىل ئۇنى پويىز ئىستانسىسىغىچە ئۇزىتىپ چىقىدۇ. شۇ كۈنى تەخمىنەن 17-غېنىۋارغا توغرا كېلەتتى. پويىز كۈتۈش زالىدا ھىتلېر ستېفانىيە ھەققىدە ئېغىز ئېچىپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا تېخىچە ئۆزىنى تونۇشتۇرمىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ كېيىن ئۇنىڭغا خەت يېزىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ ياش يىگىت خوراتىئو ئالگېرنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئەسىرىنى ئوقۇغانمۇ-يوق نامەلۇم، ئەمما ئوقۇغانلىقى ناتايىن. ئەگەر راستىنىلا ئوقۇغان بولسا، ئادولف ھەقىقەتەن ئۆزىنى ئالگېرنىڭ باش قەھرىمانىغا ئوخشىتىۋالغان بۆلسا كېرەك، پويىز قوزغالغىنىدا ئادولف پەنجىرىدىن بېشىنى چىقىرىپ دوستىغا شۇ رومان قەھرىمانىنىڭ سۆزى بىلەن “دوستۇم گۇستىل، سەنمۇ تېزىراق كەل!” دەپ ۋارقىرايدۇ. ئۇنىڭ بېلىتى بەش يېرىم كرونېنلىق 3-دەرىجىلىك ۋاگون بېلىتى ئىدى. بەش سائەتتىن كېيىن، 18 ياشلىق ئادولف ھىتلېر ئۈچىنچى قېتىم كىشىنى سېھىرلەيدىغان ۋيېننا شەھىرىگە كىرىپ كېلىدۇ. ۋېستباخىنخوفدىن ستۇمپېرگاس كوچىسىنىڭ 29-نومۇرلۇق زاكرېيس خانىمنىڭ ئۆيى ئوتتۇرىسى بەش مىنۇتلۇقلا يول ئىدى. ئەمما ئۇ ئېغىر يۈك كۆتۈرۈپ ماڭغان بولغاچقا، بۇ يول ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئېغىر كەلگەن بۆلىشى مۇمكىن.
شۇ يىلى فېۋرال ئېيىنىڭ ھاۋاسى دىمىق بولۇشىغا قوشۇلۇپ ئادولف بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدى. 18-غېنىۋار كۈنى، دوستىغا ھاياجان بىلەن يېزىلغان بىر پارچە پوچتا ئاتكرىتكىسى يوللايدۇ:
“قەدىناس دوستۇم!
سېنىڭ كېلىش خەۋىرىڭنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتىمەن. چوقۇم كەلگىن. مېڭىش ئالدىدا بالدۇرراق خەت يېزىۋەت، مەن سېنى ياخشىلاپ كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىپ تۇراي. پۈتكۈل ۋيېننا ساڭا تەقەززار … دېيىشكىنىمىزدەك، ئاۋۋال مەن بىلەن بىر مەزگىل بىرگە تۇرىسەن. كېيىن يەنە ئەھۋالغا قاراپ ئۆزۈڭ بىلىپ بىر ئىش قىلارسەن. بۇ يەردە ھۆكۈمەت كومىسسىيىسى دەيدىغان بىر رەنە قويۇش كومىسسىيون دۇكىنىدا 50~60 فلورىنغىلا بىر پىيانو سېتىۋېلىشقا بولىدىكەن. ساڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن، سېنى يەنە بىر قېتىم تېز كەلسۇن! دەپ تىلەپ، دوستۇڭ:
                                                              — ئادولف ھىتلېر”
بەش كۈندىن كېيىن، قۇيۇق تۇمانلىق بىر يەكشەنبە كۈنى، گۇستىل “لىق يېمەك-ئىچمەك” بىلەن تولغان قوڭۇر رەڭلىك كىليونكا خۇرجۇنىنى كۆتۈرگىنىچە ۋېستباخىنخوفقا يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ، پويىز ئىستانسىسىنىڭ يولۇچىلار زالىدا مىغىلداپ تۇرغان كىشىلەر ئارىسىدا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرغىنىدا، رەسمىي بىر ۋيېننالىققىلا ئايلانغان ئادولف ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. “ئۇ، ئۇچىسىغا ئەلا سۈپەتلىك قارا پەلتو، بېشىغا قارا قالپاق كىيىۋالغان بولۇپ، قولىدا ھېلىقى پىل چىشى ساپلىق ھاسىسى بار ئىدى. كۆرۈنۈشى ھەقىقەتەن قالتىس ئىدى.” ئادولفمۇ دوستىنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ قاتتىق خۇشال بولۇپ يايراپ كېتىدۇ. دەرھال كېلىپ ئۇنى ياڭىقىدىن سۆيۈپ قويىدۇ. ئۇلار ئىككىسى بىردىن خالتىنى ئۆشنىسىگە ئالغىنىچە قايناپ تۇرغان شەھەر كوچىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. كەچ كىرىپ قالغان بولسىمۇ كوچا چىراغلىرى پويىز ئىستانسىسى مەيدانىنى كۈندۈزدەك يورىتىۋەتكەن ئىدى.
ئۇ ئىككىسى ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشتىكى ستۇمپېرگاس 29-نومۇرنىڭ ھەشەمەتلىك دەرۋازىسىدىن كىرىپ چاققانغىنە بىر ھويلىدىن ئۆتىدۇ. ئۇ يەردە كونىراق بىر بىناغا كىرىپ قاراڭغۇ پەلەمپەيلەردىن ھاسىراشقىنىچە ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىدۇ. ھىتلېرنىڭ تۇتقان ئۆيىنىڭ ھەممىلا يېرى رەسىم نۇسخىلىرى بىلەن تولغان ئىدى. ئادولف ئۈستەلگە بىر ۋاراق گېزىتنى داستىخان قىلىپ يېيىپ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ بىردىن-بىر يېمىكى بولغان سۈتىنى، قېزىسى بىلەن بولكىسىنى تىزىدۇ. بۇ چاغدا كۇبىزېك ئۇ نەرسىلەرنى بىر چەتكە ئىتتىرىۋېتىپ خۇددى سېھىرۋازلاردەك چاققان ھەرىكەتلەر بىلەن كاناپ خالتىسىدىن كاۋاپ، يېڭىلا لېستىن چىققان بولكا، پىشلاق، مۇراببا، قەھۋە قاتارلىق نەرسىلەرنى چىقىرىپ ئۈستەلنى توشقۇزىۋېتىدۇ. بۇ مىزلىك يېمەكلىكلەرنى كۆرگەن ھىتلېر خۇشاللىقىدىن “مانا قارا، ئاپا دېگەن مۇنداق بولمامدۇ!” دەپ ۋارقىرىۋېتىدۇ.31
ئۇلار ئولتۇرۇپ قورساقلىرىنى راسا تويغۇزىدۇ. ئاندىن ھىتلېر ھېرىپ ماجالى قالمىغان دوستىنى سۆرەپ دېگۈدەك شەھەر مەنزىرىسىنى كۆرۈپ كېلىشكە ئېلىپ چىقىدۇ. “سېرك مەيدانىنى كۆرمەي قانداقمۇ كۆزۈڭگە ئۇيقۇ كېلىدۇ دوستۇم؟” ئادولف دوستىنى ئاۋۋال ھەيۋەتلىك “تىياتىرخانا” بىناسىغا باشلاپ بارىدۇ. ئۇ يەردە “مەن ئۆزەمنى باشقا بىر پلانېتقا بېرىپ قالغاندەكلا ھېس قىلغان ئىدىم، ئۇ  يەرنىڭ كۆرۈنۈشىدىن قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىم. بۇ بىنا ئەقلىمنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئىدى” دەيدۇ كۇبىزېك كېيىن ئەسلەپ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئىنچىكىلىك بىلەن زىننەتلىنىپ ياسالغان سان ستېفېن مۇنارىىسىنى تاماشا قىلىدۇ. ئاندىن ئادولف يەنە “ئاجايىپ بىر يەرنى كۆرمىسەڭ بولمايدۇ” دەپ چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. يەنى دوستىنى بەكلا نازۇك ۋە چىرايلىق ياسالغان چاققانغىنە سان مارىيە گىستاد چېركاۋىنى كۆرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما ھەممە يەرنى تۇمان قاپلاپ كەتكەچكە كۇبىزېك بىنانىڭ جىق يېرىنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ، ياتىقىغا بالدۇرراق قايتىپ كېتىشكە ئالدىرايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يېرىم كېچىدىلا ئاران ياتىقىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ. ھېرىپ ئارانلا كەلگەن كۇبىزېك، ئۆي خوجايىنەنىڭ راسلاپ قويغان ئورنغا كىرىپ شۇ ھامان ئۇيقۇغا غەرق بولىدۇ.
بۇ ئۆي بەكلا تار بولغاچقا، ئىككى كىشى بىلەن بىر پيانو سىغمايتتى. گەپكە ئۇستا ئادولف ئۆي خوجايىنىنى ماقۇل كەلتۈرۈپ بۇ ئۆينى ئۇنىڭ تۇرىۋاتقان چوڭ ئۆيىگە ئالماشتۇرۇۋالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارمۇ ئۆي ئىجارە ئايلىقىنى بىر ھەسسە كۆپەيتىپ 20 كرونېندىن تۆلەيدىغانغا كېلىشىدۇ. ئۇلار كېلەڭسىز پىيانونىڭ بەكلا كۆپ يەر ئىگىلەيدىغانلىقىنى پەقەت ئويلاشمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادولفنىڭ ئۆي ئىچىدە ماڭىدىغان ئادىتى ئۈچۈنمۇ يەر بولىشى كېرەك-تە. شۇڭا، ئۆيدىكى نەرسە-كېرەكلەرنى قايتىدىن رەتلەپ تىزىپ ئادولفنىڭ مېڭىشى ئۈچۈن ئۈچ قەدەم كەڭلىكتە بوشلۇق چىقىرىشىدۇ.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتمەي گۇستىل مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا تىزىملىتىپ مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدىنمۇ ئۆتىۋالىدۇ. “دوستۇمنىڭ مۇنچە ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن” دەيدۇ ھىتلېر دوستىنى ماختاپ. ئادولف، شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ھەپتىدە دوستىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگىمۇ قىزىقماس بۆلىۋالىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۇبىزېكنىڭ كېلىشكەن بىر قىز ساۋاقدىشى كېلىپ ئۇنى زىيارەت قىلىۋېدى، ئادولف بۇنىڭغا چىدىماي دوستى بىلەن قاتتىق جېدەللىشىپ كېتىدۇ. قىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ھىتلېر ئۆي ئىچىدە ئالدى-كەينىگە ماڭغاچ غۇدىراشقا كىرىشىدۇ: “قىزلارنىڭ بىلىم ئالىمەن دېيىشى ھەقىقەتەن بىھۇدلىك.” كۇبىزېك “ئادولف ئەقلىدىن كېتىپ قالغانمۇ قانداق؟ كىچىككىنە بىر ئىشلارغىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كەتتكىنى نېمىسى؟” دەپ ئويلايدۇ. كۇبىزېك نېمىلا ئىش قىلسا ھىتلېر ھەر دائىم ياقتۇرمايتتى. “قارىغاندا، ئىككىمىزنىڭ بىرگە تۇرالىشىمىز تەس ئوخشايدۇ … ئۇ، بۇ دۇنيادا ھېچ كىم بىلەن چىقىشالمىغىدەك، ئۆزىنى ئازابلاپلا يۈرىدىكەن. ئۇنىڭ كۆزىدە ھەممىلا يەر ناھەقچىلىك، ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك بىلەن تولغاندەك.”
ئەسلىدە ھىتلېرنىڭ بۇ دۇنياغا تۇرۇلۇشىنىڭ ئۆزىلا بىر مەسىلە ئىدى. بىر كۈنى ئادولف تۇيۇقسىز سەنئەت ئىنستىتۇتىدىكىلەرنى تىللاپ غۇدۇراپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ غۇدىرىشى نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنياغا شۇنچە ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغانلىقىنىڭ ئەسلى سەۋەبى ئووتتۇرغا چىقارغان ئىدى. “… ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا كاللىسى قېتىپ كەتكەن جاھىللار، بيۇروكراتلار ئىكەن! ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئايىمايدىغان ھارامتاماقلار! بۇنداق بىر ئىنستىتۇتنى پارتلىتىپ تۈپ-تۈز قىلىۋېتىش كېرەك!” ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ، كۆزلىرىدىن غەزەپلىك ئوت ئۇچقۇنلىرى چاقنايتتى (“ۋەھشىيلىك” چىقىپ تۇراتتى دېسىمۇ  بولاتتى). كېيىن ئۇ، بولغان ئىشلارنى دوستىغا سۆزلەپ بېرىدۇ: ئەسلىدە ئۇ ئىنستىتۇتتىن قوغلاپ چىقىرىلغان، يەنى تاللىنالماي قالغان ئىدى. “ئەمدى قانداق قىلماقچىسەن؟” سورايدۇ دوستى كۆيۈنگەن ھالدا. ھىتلېر ئۈستەل ئالدىغا كېلىپ بىر ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇرغىنىچە بايىتىدىن بېرى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر خىيالىدا يوق كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتى. “ھېچقىسى يوق” دەيدۇ بەكلا خاتىرجەم ھالدا.
گەرچە ئۇ، چوقۇم ئىمتىھاندىن ئۆتىمەن دەپ ئۆزىگە ئىشەنچ قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ يەنىلا پروفېسسور روللېرنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىدى. ئەمما ئۇ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ داڭقى جاھانغا پۇر كەتكەن بۇ سەھنە لايىھىلىگۈچىنىڭ رەسىم ئىشخانىسىغا نەچچە قېتىم بېرىپ باققان بولسىمۇ ئىشىكىنى چېكىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماي قايتىپ كېلىدۇ. ئاخىرى ئۇ، بۇ پروفېسسورغا قارىتىپ يېزىلغان تونۇشتۇرۇش قەغىزىنى بىر كۈنلىرى يەنە ئۇنىڭدىن تەمە قىلىپ يۈرمەي دەپ ئۇششاق تىتىپ چۆرۈۋېتىدۇ. ئۇ بەلكىم سىزغان رەسىملىرىنىڭ ئۆلچەمگە توشمىغانلىقىدىن قورقۇش ياكى ئىچىدىن قايناپ تۇرغان مەغلۇبىيەتچىلىك تۇيغۇسىنىڭ بېسىمىدىن ۋە ياكى بولمىسا بۇ سەھنە لايىھىلىگۈچى پروفېسسور بەكلا داڭلىق كىشى بۆلغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە جۈرئەت قىلالماي بۇ قارارغا كەلگەن بۆلىشىمۇ مۇمكىن.
ھىتلېر لىنزدىن ئايرىلىپ بىرەر ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندە مايرخوفېر ئەپەندى ياردەم قىلىش ئىشخانىسىدىكىلەردىن بىر ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.32 بۇ ئۇختۇرۇشتا ئۇلار پاۋلا بىلەن ئادولف ھىتلېر ئىككىسىگە يىلىغا ئايرىم-ئايرىم 300 كرونېندىن يېتىملەر ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقى، بۇ پۇلنى تا 24 يېشىغىچە بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئۇلار يەنە مايرخوفېر ئەپەندىنىڭ يېتىملەرگە ۋاكالىتەن يىلىغا بىراقلا 600 كرونېن نەق پۇل تاپشۇرۇپ ئېلىپ بۇ پۇلنى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايدا 25 كرونېندىن ئۈلەشتۈرۈپ تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرگەن ئىدى.
مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىلىدىغان تەخمىنەن بۈگۈنكى ئالتى ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ بۇ پۇل، شۈبھىسىزكى ھىتلېرغا يېڭى بىر ئۈمىد بېغىشلايدۇ. شۇنداقتىمۇ بېرىلىدىغان 650 كرونېن مىراسنىڭ ھەممىسىنىلا ئۇنىڭغا بەرگەن تەقدىردىمۇ بۇ يەردىكى كۈنى يەنىلا جاپالىق ئۆتىدىغانلىقىدا شەك يوق ئىدى. ئۇنىڭ ياتاقدىشى كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ھىتلېرنىڭ دائىم ئاچلا يۈرىدىغانلىقىنى، “ئۇدا بەش كۈن سۈت، بولكا ۋە سېرىقماي بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزگەن” لىكىنى ئەسلەپ بېرىدۇ. كۇبىزېك، ھىتلېرنىڭ زادى قانچىلىك پۇلى بارلىقىنى پەقەتلا بىلەلمىگەنلىكىنى، پەرىزىچە “ھىتلېر، پۇلى ئاز بولغاچقا ئىچ-ئىچىدىن نومۇس قىلىپلا يۈرگەنلىكىنى، بەزىدە خاپا بولسىلا ’ئىتنىڭ كۈنىدىنمۇ بەتتەر نېمە كۈنلەر بۇ!‘ دەپ قايناپ كېتىدىغانلىقىنى” ئېيتىدۇ. ھىتلېر ھەپتىدە بىر قانچە قېتىم بۇرگ تىياتىرخانىسىغا ياكى ئوپېراغا بېرىپ ئويۇن كۆرەلىشى ئۈچۈن يېمەك-ئىچمىكىدىن، كۈندىلىك چىقىملاردىن سىقىپ پۇل تىجەشكە مەجبۇر ئىكەندۇق. مەسىلەن ئۇ ھەتتا ئىشتىنىنى دەزماللاشقىمۇ پۇل خەجلىمەي كۆرپىسىنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ قىر چىقىرىپ يۈرەتتىكەن. ھىتلېر قىزلارغا يېقىن ئولتۇرۇشنىمۇ خالىمايتى. چۈنكى “ئۇلارنىڭ خالايدىغىنى ئوغۇللار بىلەن قالايمىقان ئوينىشىپ ئولتۇرۇشتىنلا ئىبارەت” مىش. شۇڭا ھىتلېر قىزلارنىڭ كىرىشى چەكلىنىدىغان تانسىخانىلارغا ئىككى كرونېن ئارتۇق پۇل تۆلەشكە توغرا كەلسىمۇ كۇبىزېكنى زورلاپ ئاپىراتتىكەن. ئۇزۇنراق ئوينىلىدىغان ئوپېراغا كىرىپ قالغۇدەك بولسا، ئۇلار ھەر دائىم ئويۇن تۈگىمەستنلا كەچ سائەت توققۇزدىن 45 مىنۇت ئۆتكىچە ستۇمپېرگاس 9-نومۇرلۇق بىنادىكى ياتىقىغا بېرىۋېلىش ئۈچۈن ئويۇننى چالا كۆرۈپ تىياتىرخانىدىن بالدۇرلا ئايرىلىشقا مەجبۇر ئىكەن. بولمىسا ياتىقىنىڭ ئىشىكنى ئاچتۇرۇش ئۈچۈن كۆزەتچىگە بىھۇدە تاپان ھەققى بېرىشكە مەجبۇر قالاتتىكەن. ئۇلار ئۆيىگە كىرىشى ھامان، ھىتلېر كۇبىزېكقا ئويۇننىڭ قالغان قىسمىنى پيانودا قايتا ئورۇنداپ بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ تۇرۇۋالاتتىكەن.
ھىتلېر، ۋاگنېرنىڭ ئەسەرلىرىنى مىڭ قېتىم ئاڭلىسىمۇ ھەرگىز زېرىكمەيدىكەن. ھەتتا كۇبىزېك ئىتالىيە ئوركېستىراچىسى ۋېردى ئەسەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوينىلىشىغا بارايلى دەپ تەلەپ قىلغىنىدا ھىتلېر ئۇنى ۋاگنېر ئەسەرلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئوينىلىشىنى كۆرۈشكە مەجبۇرى سۆرەپ خانلىق تىياتىرخانىسىغا بارغان. ۋاگنېرنىڭ سىمفونىيىلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى سېھىرلىك دۇنياسىغا غەرق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەسەبىي تۇغما مىجەزىدىن تۇغۇلغان جىددىيلىشىشلەردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلاتتىكەن. “مەن ئادولف ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان «لوخېڭگرىن» نىڭ ئۆزىنىلا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئون قېتىمدەك كۆرۈشكە مەجبۇر بولسام كېرەك؟” دەيدۇ كۇبېزىك.  14~16-ئەسىرلەردە گېرمانىيەنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدە ئىشچىلار تەبىقىسىنى ئاساس قىلغان «شېئىر كۇلۇبى» مۇ ئۇنى قىزىقتۇراتتى. ئۇ دائىم بۇ ئويۇننىڭ ئىككىنچى پەردە شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى:
“مەن يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىدىم،
بۇنى ھېس قىلغان بولساممۇ چۈشىنەلمىدىم،
تىڭىرقاپ قالالمايمەن، ئەمما ئۇنتۇپمۇ كېتەلمەيمەن،
قىلماقچى بولساممۇ ئۆلچىمىنى بىلەلمەيمەن.”
(بۇ كىتابتىكى بارلىق شېئىرلار مەزمۇن تەرجىمىسى — ئۇ. ت)
كۇبىزېك ئۇنى قىزىقتۇرۇپ يۈرۈپ ۋېردىنىڭ ئوپېراسىنى نەچچە قېتىم بىرگە بېرىپ كۆرگەن بولسىمۇ ئۇ يەنىلا «ئائىدانى ماختاپ تۇرۇۋالاتتى. ئۇ ياسالما سەھنە كۆرۈنۈشلىرىگە بەكلا ئۆچ ئىدى. “ئەگەر قىلىچى بولمىسا بۇ ئىتالىيانلار قانداق قىلاتتىكى؟” ھىتلېر بىر كۈنى بىرسىنىڭ كوچىدا ئاككوردىيون بىلەن «باي خېنىم ۋە ئاۋام خەلق» نى چېلىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ۋارقىراپ كېتىدۇ: “مانا بۇ سەن ماختاپ كەتكەن ۋېردىينىڭ ئەسەرلىرى! دېگىنە، لوخېڭگرىن ھېكايىلىرىنى بۇنىڭدەك ئاككوردىيون بىلەن كوچىلاردا ئولتۇرۇپ ئورۇنداش مۇمكىنمۇ؟”
كۇبىزېك مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا ھەقسىز بىلەت تاپالايتتى. شۇڭا ئۇلار نۇرغۇن كېچىلەرنى بىرلىكتە ھەقسىز كونسېرت كۆرۈپ ئۆتكۈزىدۇ. ئادولفنىڭمۇ ئارىلاپ سىمفونىيە ئوركېستىرلىرىغا خۇمار بولىدىغانلىقىنى سەزگەن كۇبىزېك بەكلا ھەيران ئىدى.33 ھىتلېر رومانتىك كومپوزىتور ۋېبېر، شۇبېرت، مەندېلسون ۋە شيۇمانلارنىڭ سىمفونىيىلىرىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. ئۇيەنە برۇكنېر، بېتخوۋېن ۋە گريېگ قاتارىدىكى كومپوزىيتورلارنىمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئۇلارنىڭ A تونلۇق پىيانو تەڭكەش مۇزىكىسىنى ھەر قېتىم ئاڭلىسا بەكلا ھاياجانلىنىپ كېتەتتى.
پۇلىنىڭ يوقلۇقى ئۇلارنىڭ ۋيېننادىكى كۆڭۈللۈك كۈنلىرىگە داغ چۈشۈرەلمەيدۇ. ئۇ ۋاقىتلار ھەقىقەتەن ئوپېرا بىلەن مۇزىكا-تىياتىرلار دەۋر سۈرۈۋاتقان كۈنلەر ئىدى. گۇستاف ماھلېر خانلىق ئوپېراسىدىن چېكىنىپ چىقىپ نيۇيورك شەھىرىدە “چوڭ شەھەر مۇزىكا ئۆمىكى” گە بېرىپ قوشۇلۇۋالغان بولسىمۇ ۋيېننادا يەنىلا نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپىنى روللېر سەھنىلەشتۈرگەن ئىدى. بولۇپمۇ داڭق چىقىرىۋەتكىنى ئۇلار ئىككىسى بىرلىشىپ سەھنىلەشتۈرگەن ئەسەر «ريېنزى» ۋە «ئۈزۈك» نىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قىسىملىرى ئىدى. يېڭىدىن رېژىسسورلۇققا تەيىنلەنگەن فېلىكس ۋېيىنگارتنېر، ماھلېرنىڭ قايسى بىر ئەسىرىدىكى بەزى كۆرۈنۈشلەرنى قىسقارتىۋەتكەچكە نارازىلىق پەيدا قىلىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى ئۇستازى پۈتتۈرەلمىگەن «ئۈزۈك» نىڭ قالغان قىسىملىرىنىڭ سەھنىلەشتۈرۈلىشىنى پۈتتۈرگەن. سەھنە لايىھىسىنى يەنە شۇ روللېر ئۈستىگە ئالغان. شۇنىسىمۇ باركى، بۇ رېژىسسورلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا يەھۇدىي ئىدى. مەسىلەن، ھيۈگو ۋون خوفمانستال، ئارتۇر شنىتزلېر، رىچارد بېئېر خوفمان ھەمدە ھېرمان باھرلارنىڭ ھەممىسىلا يەھۇدىي ئىدى.
ئۇ ۋاقىتلاردىكى ۋيېننا، ئاۋسترو-ۋېنگر ئىمپېرىيىسىنىڭ راسا گۈللەنگەن دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنى ياشاۋاتقان پايتەخت بولۇپ، ئورتاق تىلى يوق، نۇرغۇن تىللار ئارىلىشىپ بىرلىكتە مەۋجۇت بولىۋاتقان شەھەر ئىدى. شەھەر ئاھالىسى ئاۋسترو-ۋېنگر ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەر تەرىپىدىن يىغىلغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ شەھەر ھەممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان قاينام-تاشقىنلىق بىر شەھەر ئىدى. ئۇ يەردە چېكىدىن ئاشقان بۇزۇپ-چېچىش بىلەن ئېغىر يوقسۇللۇق ۋە زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشلار بىرلىكتە قوشنا بولۇپ ياشايتتى. ئەنئەنىۋى جەھەتتىن ئالغاندا، ھابسبۇرگ خانىدانلىقى نېمىس تىپىدا بولسىمۇ، شەھەر قىياپىتى يەنىلا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر شەھەر كۆرۈنۈشىدە ئىدى. ۋيېننا شەھىرى پۇل مۇئامىلە سودىسىنىڭ مەركىزى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە كىيىم مودىسى بىلەن ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭمۇ مەركىزى ئىدى. ئۇ يەر گېرمانىيەدىن پەرقلىق ھالدا بىر-بىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇش ئىمكانى بولمىغان مىللەتلەر داشقاينىقىغا ئايلانغان بىر يەر ئىدى. “ئەسىرلەر بويى سلاۋيانلار، ماگيارلار ۋە ئىتالىيانلار بۇ شەھەرگە تەلپۈنۈپ كەلگەن” ئىدى. ھىتلېر بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان بىر مۇخبىر بۇ شەھەرنىڭ مىللىي تەركىبىنى تەسۋىرلەپ كېلىپ مۇنداق دېگەن: “ئۇلار، ’بۇ شەھەردە بىر تامچىمۇ نېمىس قېنى قالمىدى‘ دېيىشىدۇ. بۇ شەھەردە بىر بوھېمىيەلىكلەر تىياتىرخانىسى بىلەن كلۇبىمۇ بار. بەزى قەھۋەخانىلاردا بىرلا ۋاقىتتا چېخچە، سلاۋيانچە، پولەكچە ۋە ۋېنگىرچە گېزىت تاپقىلى بولسىمۇ نېمىسچىسىنى تاپقىلى بولمايتتى. بۇ شەھەردە يەنە بىر ئىتالىيانلار تىياتىرخانىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇ يەرلەردە فرانسىيەلىك ناخشا چولپانلىرى سەھنىلەردە ھۆكۈم سۈرەتتى. بەلكىم سەن ئۆزۈڭنى ساپ نېمىس ھېسابلىشىڭ مۇمكىن. ئەمما ئايالىڭ گالىتسىيەلىك ياكى پولەك بولۇپ چىقىشى، ئاشخانا خىزمەتچىڭ يەنە بوھېمىيەلىك، بالا باققۇچىڭ ئىسترىئوت ياكى دالماتسىيەلىك، ئەر خىزمەتچىڭ سېرب، ھارۋىكېشىڭ سلاۋيان، ساتىراشىڭ ماگيار، ئوقۇتقۇچىڭ فرانسۇز … دېگەندەك بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. ياق، ياق، … ۋيېننانى ھەرگىزمۇ بىر نېمىس شەھىرى دېيەلمەيمىز، ئۇ يەر ھەرگىزمۇ بىر نېمىس شەھىرى بولالىغان ئەمەس.”
ئادولفقا ئوخشاش، ئاۋسترىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەر-يېزىلىرىدىن كېلىپ ۋيېنناغا يىغىلىپ قالغانلار كىشىنى بىئارام قىلغۇدەك زىددىيەتلىك كىشىلەردىن بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ قانداق، ھەممىسىلا بۇ شەھەرگە كېلىشى بىلەن شەھەر ئىلكىگە چۈشۈپ قالاتتى. ۋيېننا شەھىرى، ئالۋاستىلار بىلەن پۇقرالار داشقايناق ھالىغا كەلگەن بىر شەھەر بولۇپ، بىر تەرەپتە پولاتتەك ئەنئەنىلەر ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن زىيالىيلارنىڭ ئىلغار تەتقىقات سىناقلىرى بولۇپ تۇرىدىغان؛ بىر تەرەپتىن كۆزقاراش ئەركىنلىكى ھۆكۈم سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن كۈچلۈك مىللەتچى بىر تەرەپلىمىلىكلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇراتتى. ئادولف گەرچە ئەنە شۇنداق چاقناپ تۇرغان ۋيېننا تەرىپىدىن كۈچلۈك جەلپ قىلىنغان بولسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈمىدىنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ “كىشىنى ئويغا سالىدىغان، سېھىرلەنگەندەك مىللەتلەر داشقازىنى” (كېيىن ۋيېننانى ئەنە شۇنداق تەرىپلەيدۇ) دىن قاتتىق زېرىكىپ كېتىدۇ.
ئادولف كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۇبىزېك بىلەن بىرگە ئاچ قورساق ستۇمپېرگاستىكى ئۆيىدىن چىقىپ، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپى ئولتۇراقلاشقان تىنىچ كوچىلاردىن ئۆتۈپ، “ھەيۋەتلىك بىنالار، ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلار بىلەن تولغان، دەرۋازىسىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان خىزمەتچىلەر تىكىلىپ تۇرىدىغان” شەھەر مەركەزلىرىگە بېرىپ ئايلىنىپ كېلەتتى. ئادولف بۇ شەھەردىن كۈندىن-كۈنگە يىرگىنىدىغان، ھەر دائىم ئەمگەك قىلماي باي بۆلىۋالغان مۈلۈكدارلارنىڭ ناھەقچىلىكلىرى بىلەن تولغان جەمئىيەتنى تىنماي تىللايدىغان بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. ئۇ قورسىقىنىڭ كوركىراپ ئېچىپ كېتىۋاتقانلىقىدىنمۇ بەكرەك ھەممە يەر چۇسا يامىراپ كەتكەن ستۇمپېرگاستىكى تۇرغان  ئۆيىدىن قاخشايتتى.34 دوستى كۇبىزېك كېيىن ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: ھىتلېر “سالامەتلىككە زىيانلىق، كېسەل قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسىگە دىققەت قىلىپ ئۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرەتتى.”
ئۇنىڭ ۋيېنناغا بولغان بۇ تۈردىكى ھېسسىياتى بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيتتى. “ۋيېننا كىشىلەرگە ئەڭ يۈكسەك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ نۇرغۇن پۇرسەتلىرىنى بېرىدىغان بىر شەھەر بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ تۈردىكى ئۇتۇقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئەڭ جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدىغانمۇ بىر شەھەر ئىدى. ئەنە شۇنداق غەلىتە روھى ھالەت ئىچىدە ئۈسۈپ يېتىلىدىغان داڭلىق بىرى، بىرلا قېتىم نام چىقىرالىدىمۇ-بولدى، سۆيگۈ بىلەن ئۆچمەنلىك ئارىلاشمىسىدىن تەشكىل تاپقان ۋيېننانىڭ ئۆزگىرىشچان مۇھىتىغا ماسلىشىپ ياشاپ كېتەلەيتتى.” برۇنو ۋالتېر ئۆزىنىڭ تەرجىمىھال كىتابىدا ماھلېر ئۈستىدە توختالغىنىدا يۇقىرىقىدەك گەپلەرنى قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىل جەريانىدا ھىتلېر ھەر ئايدا دېگۈدەك بىر قېتىم روللېرنىڭ قەلبلەرنى تىتىرتىدىغان سەھنە ئەسىرى «ترىستان» نى كۆرۈپ تۇراتتى. بۇ ئەسىرى ئۈچۈن روللېر قوڭۇر رەڭلىك، بىنەپشە رەڭلىك ۋە كۈلرەڭ بوياقلاردىن تولۇق پايدىلانغان جانلىق سەھنە كۆرۈنۈشى لايىھىلەپ چىققان ئىدى. قىسقىسى، ۋيېننادا ئولتۇراقلاشقانلار ئاساسەن دېگۈدەك ئويۇن-تاماشىغا بېرىلگەن بايۋەچچىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك داڭلىق كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۆزلىرىگە ئادەت قىلىۋېلىشقان ئىدى. ئۇلار فرېئۇدنىڭ پسىخوئانالىزىنى شاڭخو قىلىشاتتى؛ ئامولد شۆنبېرگنىڭ ئاۋازشۇناسلىق ئاساسىدىكى زامانىۋىلىقىنى شاڭخو قىلىشاتتى؛ ئوسكار كوكوشكانىڭ بوياقنى ئاساس قىلىپ سىزغان ئوچۇق رەڭلىرىنى، خوفمانستال بىلەن شنىتزلېرنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ قوشۇپ شاڭخو قىلىشاتتى. بۇ بايۋەچچىلەرگە ۋيېننادا تەنقىدلەشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بەكلا كۆپ تېپىلاتتى.
ياش ۋاقتىدىكى ھىتلېر، ھەشەمەتلىك كۆرۈنىدىغان بۇ شەھەرنىڭ جىنايەتلىرىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ بېقىش مەقسىتىدە بەزىدە ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتسە، يەنە بەزىدە بۇ شەھەردىن يىرگىنىپ زېرىكىپلا كېتەتتى. كۇبىزېك، ھىتلېرنى جەمئىيەتكە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن قارايدىغان قەلبى سۇنغان بىر كېسەلمەن ئادەم دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھىتلېرنىڭ ئۆزىنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنىڭ پەقەتلا تۇتامى يوق ئىكەن. ئۇ بەزىدە مېيدلىڭ رايونىغا بېرىپ ئىشچىلارنىڭ ئۆيلىرىنى “تەتقىق” قىلىپ كەلسە، يەنە بەزىدە رىڭگىستراس كوچىسىدىكىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى كۈزۈتۈپ سائەتلەپ ئايلىنىپ يۈرىدىكەن. پاسكىنا ھەم كىچىك ياتىقىغا قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن، بۇ پايتەخت شەھىرىنىڭ لايىھىسىنى يېڭىدىن سىزىشقا كىرىشىپ كېتەتتىكەن. بۇ يىگىت ئۆزىنى بىرەر شەھەر قۇرۇلۇشى لايىھىلىگۈچىسى ھەم ئارخىكىكتور ھېسابلاپ كېتەتتىكەن. ئۇ تار ئۆيدە ئىشىك بىلەن پيانو ئارىسا ئالدى-كەينىگە توختىماي مېڭىپ كۇبىزېكنى ئۇنىڭ “ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزۈپ چىققان شەھەر لايىھىسى” غا ئوخشاش پۈتمەس-تۈگىمەس پىلانلىرىنى ئاڭلاپ بېرىشكە مەجبۇرلايدىكەن. بىر قېتىم، ئۇ ئۈچ كۈنگىچە ئۆيگىمۇ قايتماي يوقاپ كەتكەن. قايتىپ كېلىپلا “ئائىلىلىكلەر رايونىنى تۈزلىۋېتىش كېرەك” دەپ كېچىچە ئولتۇرۇپ ئىشچىلار ئائىلىلىك رايونىنىڭ ئۈلگىسىنى لايىھىلەشكە كىرىشىپ كەتكەن. ئاخشاملىرى ئۆينى يورۇتۇپ تۇرىدىغان بىردىن- بىر چىراغ — ئۆيدە بار بىرلا كىرسىن لامپىسى — ئاستىدا دائىم دېگىدەك ئۈستەلگە قادىلىپ يېرىم كېچىگىچە ئولتۇرۇپ پىلدىرلاپ تۇرغان چىراغ يورۇقىدا بىر نېمىلەرنى يېزىپ كېتەتتىكەن. ئۇنىڭ نېمە يېزىۋاتقانلىقىغا قىزىققان كۇبىزېك، نېمە يېزىۋاتىسەن دەپ سورىغىنىدا ھىتلېر ئۇنىڭغا ئىجىر-مىجىر سىزىلغان نەچچە ۋاراقنى سۇناتتى:
بۇ رەسىملەردىن بىرىدە ئارقا كۆرۈنۈشى “ھەيۋەتلىك تاغ”؛ ئالدى تەرىپى چوڭ بىر تاۋاپ تېشى، ئەتراپى دۇب دەرەخلىرى بىلەن قورشالغان؛ ئىككى نەپەر بەستلىك پالۋان ھەيۋەتلىك بىر قارا بۇقىنى بىرلىكتە تۇتۇپ كاللىسىنى ھېلىقى تاشتىكى ئويمانغا بېسىپ تۇرغان؛ ئۇلارنىڭ كەينىدە قارا پەرىجىلىك بىر تېخنىك تىك تۇرغان ئىدى. ئۇ قولىغا ئۇزۇن بىر قىلىچ تۇتقان بولۇپ، بايىقى بۇقىنىڭ كاللىسىنى ئالماقچى. ئۇنىڭ ئەتراپىنى بىر مۇنچە ئۇزۇن ساقاللىق كىشىلەر قورشىۋالغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قولىدا نەيزە-قالغان، ئۇ تېخنىكقا تىكىلىپ قالغان ئىدى.
كۇبىزېك بۇ رەسىمدىن ھېچ نېمە چۈشىنەلمەي قاراپ تۇرۇپ كېتىدۇ. ھىتلېر، بۇ بىر تىياتىر كۆرۈنۈشى دەيدۇ. ئۇ، ھاياجانلانغان ھالدا خرىستىئان دىنىنىڭ باۋارىيىگە تارقىلىش ۋاقتىدىكى مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ كېلىپ، تاغلىقلار بۇ يېڭى دىنغا كىرىشنى خالىماي دىن تارقاتقۇچىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ھىتلېر بەلكىم بۇ درامىسىنى زادىلا يېزىپ پۈتتۈرەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنىچۇ؟35 مەسىلەن رەسسام مۇرىللونىڭ بالېتى ئۈچۈن سىزغانلىرىنى ئالساق، ئۇ، بۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنىلا يازغان بولۇپ، يەنە بەزىلىرىنى تېخى يېڭىلا باشلاپ قويغان، تەسۋىرلەرنىڭ كۆپىنچىسى گېرمان رىۋايەتلىرى ياكى تارىخىدىن ئېلىنغان نەرسىلەر ئىدى. ئۇ بەزىدە تاڭ ئاتقىچە يېزىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. تاڭ ئاتقاندا ئورىگىنالىنى كۇبىزېكنىڭ كارىۋىتىغا تاشلاپ قوياتتى ياكى ئۇنى ئۇيغۇتۇپ بىر نەچچە ۋارىقىنى ئوقۇپ بېرەتتى. بۇ ئويۇنلارنىڭ تەسۋىرلىرى جەننەتتىن جەھەننەمگىچە بولغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق ئويۇنلارنى سەھنىلەشتۈرۈشكە بەكلا كۆپ پۇل كېتەتتى. شۇڭا ئۇ ھىتلېرغا سەل ئاددىي نەرسىلەرنى، مەسىلەن سۈنئىيلىك بولمىغان كومېدىيە يازساڭ بولمامدۇ، دەپ مەسلىھەت بېرىپمۇ باقىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق سىلىق-سىپايە گېپى ھىتلېرنىڭ جېنىغا تېگىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئەقلى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭىراق باشقا بىر لايىھە ئۈستىگە بۇرۇلىدۇ. بۇ ئىشلارنى سۆزلەۋاتقان كۇبىزېك ئىختىيارسىز يەنە بىر ئىشنىمۇ تىلغا ئالىدۇ.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ۋاگنېر ۋاپات بولغاندا، ھۆججەتلىرىنى رەتلەش جەريانىدا ئۇنىڭ يازغان ۋيېلاند ھەققىدىكى مۇزىكىلىق تىياتىرىنىڭ تېزىسىنى كۆرۈپ قالغان. ئەتىسى، كۇبىزېك سىرتقا چىقىپ چۈشلۈك تامىقىنى يەپ كىرىپ قارىسا ھىتلېر پيانو ئالدىدا ئولتۇرغان ئىكەن. ھىتلېر ئۇنىڭغا: “مەن ۋيېلاندنى بىر مۇزىكا ئوپېراسىغا ئايلاندۇرۇپ يازماقچى بولدۇم” دەيدۇ. ئادولف بۇ مۇزىكىلىق ئوپېرانى يېزىپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۇزىكىسىنى ئۇنىڭغا پيانودا ئورۇنداپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، “بۇ مۇزىكامنى نوتىغا ئېلىپ تۈزىتىپ بېرىسەن ۋە ئۇنىڭغا باھا يېزىپ بېرىسەن” دەپ تەلەپ قىلىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە كېچە ئۆتكەندىن كېيىن، ھىتلېر ئۇنىڭغا كىرىش قىسمىنىڭ ئاھاڭىنى چېلىپ بېرىدۇ. ئاندىن تەقەززالىق بىلەن دوستىنىڭ باھالىشىنى  كۈتىدۇ.
كۇبىزېك، بۇ ئاھاڭ ۋاگنېرنىڭ ناچار تەقلىدى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئاساسى تېمىسىنى يەنىلا يامان ئەمەس بوپتۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا بۇلارنى شېئىر شەكلىگە كەلتۈرۈپ يېزىپ چىق دەپ مەسلىھەت بېرىدۇ. ھىتلېر دوستىنىڭ بۇنداق ئۆزگەرتىشىگە رازى بولماي، كېچە-كۈندۈز ئولتۇرۇپ ئاھاڭ تۈزۈشكە كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە سەھنە كۆرۈنۈشى بىلەن ئارتىسلارنىڭ كىيىمىنىمۇ لايىھىلەپ چىقىدۇ. ئاندىن چالا كۆيگەن ياغاچنى قەلەم قىلىپ باش قەھرىماننىڭ رەسىمىنىمۇ سىزىپ چىقىدۇ. ئاخشىمى ئادولف بىر تەرەپتىن ناخشا تېكىستلىرىنى يازغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن كۇبىزېكنى كۆرۈۋاتامدۇ قانداق دەپ ئۇنىڭغا قارايدۇ. دوستى بىر خىيالدا يوق ئۇخلاۋاتقان، شۇڭا ئۇ دوستىنى تۈرتۈپ ئويغىتىدۇ. تۈن يېرىمى بولۇپ كەتكەچكە ئۇنىڭغا ئۈنىنى پەسەيتىپ يازغانلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىدۇ. ئەمما ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئوپېرا ئىشىنى يىغىشتۇرۇپ باشقا ئىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ باشقا جىددىي ئىشى چىقىپ قالغان ياكى ئىلھامى كەلمىگەن بۆلىشى مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ بۇ چالا قالغان ئىشى توغرىلىق دەسلەپكى كۈنلەردە بەكلا ئاز توختالغان بولسىمۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ھەقتە پەقەتلا تىنماس بولىدۇ.
شۇ يىلى ئەتىيازدا، كۇبىزېك پاسخا بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىپ كېتىدۇ. ئۇ ئادولفقا يازغان خېتىدە كىرسىن چىرىغى ئاستىدا ئولتۇرۇپ بەكلا كۆپ دەرس تەييارلىق قىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك، خولېرا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، ۋېستباخىنخوفغا قايتقىنىدا بەلكىم كۆزەينەك تاقاپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئادولفقا نىسبەتەن پاسخا كۈنى بولغان ئۇ يەكشەنبە بەكلا زېرىكىشلىك ۋە يالغۇزلۇقتا ئۆتكەن بىر كۈن ئىدى. شۇ يىلقى (1908) پاسخا بايرىمى 19-ئاپرېلغا، يەنى ئۇنىڭ 19 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنىڭ بىر كۈن ئالدىغا توغرا كەلگەن ئىدى. ئۇ گۇستىلغا يازغان جاۋاب خېتىدە بەكلا روھى چۈشكۈندەك بىلىنسىمۇ يەنىلا قىزىقچىلىق قىلىپ “كۆزۈڭ كۆرمەس بولۇپ قالغىنىدىن خەۋەر تېپىپ بەكلا غەم قىلدىم، ئەمدى سېنىڭ خاتا بېسىپ قويىدىغان پىيانو تىللىرىنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىپ، نوتىلارنى تېخىمۇ كۆپ خاتا ئوقۇپ سالىدىغان، ئاخىرى بېراقلا قارىغۇ بولۇپ قالساڭ قانداق قىلارمەن؟ بولمىسا پەدىلەرنى بۇزۇپ چالغىلى تۇرساڭ مەنمۇ گاس بولۇۋالارمەن، ئامال يوق!” دەپ يازىدۇ.
گۇستىل، لىنز سەھرالىرىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن ستۇمپېرگاستىكى بۇ ياتاقتىن بارغانسېرى زېرىكىشكە باشلايدۇ. شۇڭا ئۇ، ھىتلېرغا يېزىلارنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىپ كەلسەك دەپ مەسلىھەت قىلىدۇ. ئۇلار ئىككىسى ئىللىق باھار كۈنلىرىدە “ۋيېننا ئورمانلىقى” غا بېرىپ نەچچە يەكشەنبە تۇرۇپ ئارام ئېلىشىدۇ. ئۇلار يەنە قىيىققا ئولتۇرۇپ دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قاراپ دەريا ساياھىتىمۇ قىلىشىدۇ. بەزىلەر بۇنداق پەسىللەردە ياشلارنىڭ ھېسسىياتى قوزغىلىپ شوخلىشىپ كېتىدۇ دەپ قارىشىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى يىگىتنىڭ تۇرمۇشىدا جىنسىي ھاياجانغا ئاساسەن ئورۇن يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇلار پىيادە ئايلىنىپ يۈرگىنىدە، دائىم دېگۈدەك قىزلار ئۇلارغا مۇغەمبەرلەرچە كۆز تاشلاپ ئۆتەتتى. كۇبىزېك دەسلىپىدە بۇنداق كۆز تاشلاشلارنى سېزىپ ئۇ قىزلار ماڭا ئىچپەش تارتىپ يۈرسە كېرەك دەپ ئويلايدۇ.36 ئەمما ئۇزۇنغا قالمايلا ئۇ قىزلار ئەسلىدە ئادولفقا كۆز تىكىپ يۈرگەنلىكىنى سېزىدۇ. ئەمما ئادولف ئۇ قىزلارنىڭ كۆز تاشلاپ كۆزىتىشلىرىگە پەرۋامۇ قىلمايتتى. ئۇلار قىزلار بىلەن پەقەتلا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ باقمىغان بولۇشىغا قارىماي، ئاخشاملىرى ئۆيدىكى ۋاقىتلىرىدا قىزلار ھەققىدە، مۇھەببەت، توي قىلىش توغرىسىدا سائەتلەپ مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. تەبىئىيكى، بۇنداق سۆھبەتلەردىمۇ گەپ يەنىلا ئادولفنىڭ بولاتتى. ئادولف بۇ جەھەتتە “ھاياتلىق كۈچى” نى ساپ تۇتۇش كېرەكلىكىدە ئىزچىل چىڭ تۇرىۋالاتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا، — يەنى ئۇنىڭ كاتولىك دىنى تەربىيىسى بويىچە ئالغاندا — مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، نىكاھ قىلىشتىن بۇرۇن جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتە ئۆزىنى قەتئىي پاكىز تۇتۇشنى بىلىش، شۇ چاغدىلا مىللەتنىڭ ساغلام ئەۋلاد قالدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ دەيتتى. شۇنىڭغا قارىماي جىنسىي ھەۋەسنىڭ سىھىرلىك كۈچى ئۇنىڭ قەلبىنىمۇ پات-پاتلا ئۆز ئىلىكىگە ئېلىۋالاتتى. ئۇ ھەر دائىم سائەتلەپ  جىنسىي چۈشكۈنلۈك ئادەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ كېتەتتى. ئۇ، پاھىشىلىككە ئەشەددىيلىك بىلەن قارشى ئىدى. ئۇ پاھىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ خېرىدارلىرىنى قاتتىق قارىلاپلا قالماي، بۇنىڭغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان جەمئىيەتنىمۇ قاتتىق ئەيىبلەپ سۆكۈپ كېتەتتى. بۇ جەھەتتە ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزىنى يوقىتىپ قويغۇدەك بېرىلىپ تەكشۈرۈپ كېتەتتى. بىر كۈنى ئاخشىمى، ئۇلار ۋېدېكىندنىڭ «باھارنىڭ ئويغىنىشى» دېگەن ئوپېراسىنى كۆرۈپ قايتىپ كېلىۋېتىپ، “ئىككىمىز چوقۇم بېرىپ ’پاتقاقلىقتىكى گۇناھلار‘ نى كۆرۈپ كېلىشىمىز كېرەك” دەيدۇ ئادولف گۇستىلنىڭ بىلىكىنى چىڭ تۇتقىنىچە. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئىككىسى قاراڭغۇ تار كوچىلىرىدىن بىرىگە شۇڭغۇپ كىرىپ كېتىدۇ — ئۇ كوچا سپىتتېلبېرگگاس ئىسىملىك بىر كوچا ئىدى. بۇ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپى قاتار كەتكەن ئۇششاق ئۆيلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئۇ ئۆيلەردە چىراغ يورۇق، ئىچىدىكى قىزلار ئېنىق كۆرىنىپ تۇراتتى. “قىزلار ئۆي ئىچىدە ئۇچىسىغا تۈزۈك بىر نېمە كىيمىگەن، ھەتتا شۇ ئازغىنە كىيىمىنىمۇ ئۇ يەر-بۇ يېرىنى ئوچۇق قالدۇرغان ھالدا ئولتۇرۇشاتتى. — دەيدۇ كۇبىزېك ئەسلەپ كېلىپ، — ئۇ قىزلارنىڭ بەزىلىرى تىرناقلىرىنى پەردازلاپ ئولتۇرغان بولسا، يەنە بەزىلىرى چېچىنى تاراپ، يەنە بەزىلىرى ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تۈزەپ ئولتۇرۇشاتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆزى يولدا كېتىۋاتقان ئەرلەردىلا ئىدى.” بەزىدە بىرەر ئەر كېلىپ ئۇ ئۆيلەرنىڭ بىرى ئالدىدا توختاپ ئۆيدىكى قىز بىلەن بىر نېمىلەرنى دېيىشىپ پاراڭلىشىپمۇ قوياتتى. كەينىدىنلا ئۇ ئەر غىپلا قىلىپ ئۆيگە كىرىپ كېتەتتى ۋە چىراغمۇ شۇ ھامان ئۆچەتتى. ئۇ ئىككىسى بۇ تار كوچىنىڭ ئاخىرىغا يېتىپ بېرىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ بۇ تار كوچىدىكى قورقۇنچلۇق مەنزىرىگە قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇلار ياتىقىغا قايتقىنىدىمۇ ئادولف پاھىشىۋازلىق ھەققىدە غەزەپلىنىپ قايتا سۆزلەپ كېتىدۇ:
“سۆرۈن كۆرۈنۈشلەر، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى رىئاللىق. سىفلىس بىلەن كۈرەش قىلىش-قىلماسلىق ئىرقنىڭ داۋاملىشىش ياكى يوقۇلۇش مەسىلىسى بولۇپ، بۇنى بەلگىلەيدىغان كىشى يەنىلا شۇ كىشىنىڭ ئۆزى.”
تاللاش ئىمتىھانىدا گۇستىلنىڭ ئالغان نەتىجىسى بەكلا ياخشى بولغاچقا، مەۋسۇملۇق مۇزىكا كەچلىكىدە ئوركېستىر رېژىسسورلۇقىغا تاللىنىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئۇنىڭ يازغان ناخشىلىرىدىن ئۈچى خورغا تاللىنىپ، ئالتە بۆلۈملۈك ئوركېستىردا ئىككى بۆلۈمى ئۈچۈن ئۇنىڭ يازغىنى ئورۇندىلىدىغان بولىدۇ. ئارتىسلارنىڭ دەم ئېلىش بۆلۈمىدە، ئادولف مەغرۇرلانغان ھالدا دوستىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇنى تەبرىكلىگەنلەر ئارىسىدا رېژىسسورلۇق مەكتىپىنىڭ مۇدىرىلا بولۇپ قالماي، يەنە مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرىمۇ بار ئىدى.
ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا، گۇستىل لىنزغا بېرىپ كەلمەكچى بولىدۇ. ئۇ قايتىپ بېرىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە يازنى ئۆتكۈزۈپ كۈزدە ۋيېنناغا قايتماقچى ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، ئۆزى ياتمىغان بۇ كۈنلەر ئۈچۈنمۇ ئىجارىنىڭ يېرىمىنى مەن تۆلەي دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ. ھىتلېر بولسا، ئۆزىنىڭ كېيىن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى پىلانى توغرىلىق دوستىغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدۇ. ئەمما بۇ دوستى ۋەدە بېرىپ چوقۇم ۋيېننا سىمفونىيە ئوركېستىراسىنىڭ ئىسكىرىپكىچىسى بولۇپ تاللىنىمەن، شۇ چاغدا ئۆي ئىجارىسىنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقىنى مەن تۆلەيدىغان بولىمەن دېگىنىدە، ھىتلېر قاتتىق رەنجىپ كېتىدۇ. كىشىلەرگە يول قويۇشقا ماھىر گۇستىل ئادولفنىڭ بۇنداق قوپال مىجەزلىرىگە خېلىدىن بېرى كۆنۈك بولغاچقا، ئۇنىڭ رەنجىشىگە پەرۋا قىلماي ئۆزىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنىڭ خۇشاللىقى ئىچىدە ياشاۋېرىدۇ. ۋېستباخىنخوف پويىز ئىستانسىسىدا ئادولف دوستىغا ستۇمپېرگاستا يالغۇز قېلىشنىڭ نەقەدەر زېرىكىشلىك بولىشىنى يۈز قېتىمدەك تىلغا ئالغان بولسىمۇ يەنىلا تۇلا بەك ھاياجانلانغاندەك كۆرۈنمەيتتى (ئۇ قانچە ھاياجانلانسا شۇنچە ئېغىر بېسىق، شۇنچە سوغۇققان بولۇپ قالاتتى). ئاندىن ئۇ، دوستىنىڭ ئىككى قولىنى تۇيۇقسىز چىڭ سىقىپ سەل تۇرىدۇ ۋە بۇرۇلۇپ كەينىگىمۇ قارىماي كېتىپ قالىدۇ.37
گۇستىل لىنزدىن ھىتلېرغا بىر پارچە ئاتكرىتكا ھەم بىر پارچە خەت سالىدۇ. كېيىن ئۇمۇ ھىتلېرنىڭ بىر پارچە جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ھىتلېر جاۋاب خەتتە “ئىنتايىن تىرىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى، دائىم دېگۈدەك ھەر كۈنى سەھەر سائەت ئىككى-ئۈچلەرگىچە يازىدىغانلىقى” نى، سپىتالغا يازلىق دەم ئېلىشقا بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا خەت يازىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ خېتىدە يەنە مۇنداق دەپ پۇرىتىپمۇ قويىدۇ: “ئەگەر ھەدەم مېنى كۆرگىلى كېلىپ قالسا بەلكىم بارماسلىقىممۇ مۇمكىن.” ھىتلېر بۇ يەردە ھەدەم دەپ ئانگېلانى كۆزدە تۇتقان بۆلىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ھەدىسى بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى ھىتلېرنىڭ ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتاتتى. ئىككى ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئادولفتىن بىرەر ئىلىك بولسىمۇ خەت كەلمەيدۇ. ئاخىرى، 20-ئىيۇلدا ئۇنىڭدىن خەت كېلىدۇ. بۇ خېتىدە ئېيتقانلىرى بىلەن ئېيتمىغانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھىتلېرنىڭ تۇرمۇشى بەكلا غەلىتە، بەكلا يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن ئىدى. ئۇ خېتىدە مۇنۇلارنى يازىدۇ:
قەدىرلىك دوستۇم: ئۇزۇندىن بېرى ساڭا خەت يازماي كېلىۋاتقانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى پەرەز قىلغانسەن بەلكىم. بۇنىڭ سەۋەبى بەكلا ئاددىي: مەن ساڭا يازغىدەك تۈزۈك بىرەر ئىشنى ئەقلىمگە كەلتۈرەلمىدىم. سېنىڭمۇ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىڭنى بىلەلمىدىم. مەن يەنىلا ۋيېننادا تۇرۇۋاتىمەن. بىر يەرلەرگە كېتىشتىنمۇ ۋاز كەچتىم. مەن بۇ ئۆيدە تىكەندەك يالغۇز قالدىم. ئۆي ئىگىسى زاكرېيسمۇ ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى. مەن بۇ يەردە رەسمىي بىر دەرۋىشتەك ياشىماقتىمەن. شۇنداقتىمۇ يەنىلا بەك زېرىكىشلىك ھېسابلانمايدۇ. مېنىڭ بىرلا غېمىم:  ئەتىگەن تۇرۇشۇم ئۈچۈن مېنى ھەر دائىم ئويغىتىپ قويىدىغان زاكرېيس خانىم يوق. ئىشىمنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ئەتىگەن تۇرۇشقا كۆنۈپمۇ قالدىم. مانا ھازىر ئۆزۈمنى ئۆزۈم باشقۇرۇپ ياشاشقا تىرىشماقتىمەن. لىنزدىن نېمە خەۋەرلەر بار؟
ئادولف، دوستىدىن لىنز ساياھەت خەرىتىسى بىلەن دوناي دەرياسىدا قاتنايدىغان پاراخوتلارنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىدىن بىرنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۆتۈنىدۇ.
…  مەن ھېچ قانداق بىر خەۋەرگىمۇ ئېرىشەلمەي قالىدىكەنمەن. بۈگۈن ئەتىگەن، كارىۋىتىمدا بىرمۇنچە چۇسا ئۆلتۈردۈم. ئۇلار مېنىڭ قېنىم ئىچىدە بوغۇلۇپ ئۆلدى. مانا ھازىر مېنىڭ چىشلىرىم ’ئىسسىققا چىدىماي‘ توختىماي كاسىلدىماقتا، ھەيرانمەن، بۇنداق ’سوغۇق ياز مەۋسۇمى‘ ۋيېننادا بەكلا كەم.
ئادولف بۇ ئاينى ھاۋاسى دىمىق، پۈتۈن ئەتراپنى چۇسا قاپلاپ كەتكەن يەنە شۇ ئۆيدە ئۆتكۈزىدۇ. ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇ كۇبىزېككە يەنە بىر پارچە خەت سالىدۇ: بۇ كۈنلەر ھەقىقەتەن مەنىسىز ئۆتمەكتە، ھەر دائىمقىدەك ئۆز غېمىم بىلەن ئۆتمەكتىمەن دەپ يازىدۇ خېتىدە. ئۇنىڭ بۇ خېتى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىملا خاتاسى بىلەن جۈملە خاتاسىغا تولغان بولسىمۇ، پۇتاق چىقىرىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان كۇبىزېكنىڭ قارىشىدا بۇ خەت ئىنتايىن ياخشى يېزىلغان بىر خەت ھېسابلىناتتى. يەنى “ھىتلېرنىڭ بۇ خېتى، ماڭا يېزىلغان خەتلەر ئىچىدە ئەڭ مەزمۇنلۇق بىر پارچە خەت ئىدى.” بۇ خەت ھەقىقەتەن مەزمۇنغا باي، ھېسسىياتلىق يېزىلغان بىر خەت بولۇپ، “قەدىناس دوستۇم!” دەپ باشلانغان ئىدى. خەتتە ئاۋۋال بۇ يېقىندا ئۇنىڭغا خەت يازالمىغانلىقى سەۋەبلىك كەچۈرۈم سورالغان. خەت يازالمىغانلىقىغا “منىڭ ئۈچۈن ھەقلىق ئەمما سېنىڭ ئۈچۈن بەك ھەقلىق ھېسابلىنىپ كەتمەيدىغان بىر باھانەم بار. يەنى ساڭا يازغىدەك بىرەر ئىشنى ئەقلىمگە كەلتۈرەلمىدىم، بۈگۈن ساڭا تۇيۇقسىز خەت يازماقچى بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى، ساڭا ئازغىنا بولسىمۇ يېڭىلىق تېپىپ قويالىغىنىم بولۇپ، بۇنىڭغا قاراپ سەن ئۈچۈن بىر قانچە خەۋەر تېپىپ يېزىش ئۈچۈن بەكلا كۆپ ئىزدەنگەنلىكىمنى بۇ خېتىمدىن ئوچۇق ھېس قىلارسەن. مانا ھازىر بۇ خەتنى يازغىدەك ئازغىنا بولسىمۇ باھانە تاپتىم.” ئۇ خېتىدە بىرىنچى خەۋەر قاتارىدا ئوي ئىگىسى خانىمنىڭ يوللانغان ئۆي ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇنىڭغا ئېيتقان رەھمىتىنى يەتكۈزگەن. گەرچە ئۇ، بۇ ئايالنىڭ 'زاكرېيس' دېگەن ئىسمىنى ئالدىنقى قېتىملىق خېتىدە توغرا يازالىغان بولسىمۇ، بۇ قېتىمقىسىدا خاتا ھالدا “زاكايىس” ياكى “زاكرايىس” دەپ يېزىۋالغان ئىدى. يەنە بىر ئىش، ئۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ “كاناي ياللۇغى كېسىلى” گە گىرىپتار بولۇپ تېخى يېقىندىلا تۈزەلگەنلىكىنى ئىيتقان؛ ئۇ يەنە “بۇ كۈنلەردە ھاۋا ئىنتايىن ياخشى، يەنى يامغۇر قويۇۋەتتى. بۇ يىل ھاۋا شۇنچە ئىسسىق بولۇپ كەتتىكى، بۇنىڭغا تەڭرىگە رەخمەت ئېيتماي بولمايدۇ” دەپ ھاۋا توغرىلىق چاقچاقمۇ قىلغان ئىدى؛ ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىشلاردىن بىرى، لىنز دائىرىلىرى يېڭىدىن تىياتىرخانا سېلىش ئورنىغا (بۇ ئىش ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن بىرى ئىدى)، “خارابە بىنانى قايتا رېمونت قىلىش قارارى ئالغان” لىقى ئىدى. ئۇ، بۇ قارارغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر ئۇلار “يېڭىدىن تىياتىرخانا سېلىشنى ئەقلىگە كەلتۈرەلىسە سۇ ئايغىرلىرىمۇ ئىسكىرىپكا چېلىپ كېتەتتى” (كۈن غەربتىن چىققان بولاتتى مەنىسىدە — ئۇ. ت) دەيدۇ.
ھىتلېر يەنە ئۆزىنىڭ ۋيېننادىن ئايرىلىپ سپىتالغا بارماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، “ئېھتىمال شەنبە ياكى يەكشەنبە كۈنى يولغا چىقىشى مۇمكىنلىكىنى،” ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدا سەھرا ھاۋاسىنىڭ پەيزىنى چىقىرىش خىيالىنىڭ بارلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان.38 شۇنىڭ بىلەن باشقا يېڭىلىق يوق، دەپ قوشۇپ قويغان. بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ھەر تۈرلۈك تۇرمۇش بېسىملىرى ئۇنىڭ ۋيېننادىكى تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى بېسىم جوھاننا كىچىك ئاپىسىدىن كەلگەن ئىدى. پاۋلا بۇ ھەقتە ئەسلەپ كېلىپ، “ئۇنىڭغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مەمۇرى كادىر بولۇشىغا بېرىلگەن مەسلىھەتلەرمۇ كار قىلمىدى” دەيدۇ. ھەتتا بۇ سىڭلىسىمۇ ئاكا بولغان بۇ ئادەمدىن رەنجىپ يۈرگەنلىكىنى پۇرىتىپ ئۆتكەن. بۇ ۋاقىتلاردا پاۋلا 12 ياشقا كىرىپ قالغان بولۇپ، ئاكىسىنىڭ نەسىھەتلىرىدىن قاتتىق زېرىككەن. بولۇپمۇ ئاكىسىنىڭ كۆرسەتكەن ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابلار تىزىملىكىدىن تېخىمۇ بەتتەر زېرىككەنلىكىنى ئېيتىدۇ (بۇ كىتابلار ئارىسىدا «دون كىخوت» مۇ بار بولۇپ، بۇ كىتابنى ھىتلېر ۋيېننادىن ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى). “تەبىئىيكى، ئۇ مېنىڭ ئاكام، شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئىچىمدىلا قارشى تۇرالىشىم مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنىڭغا بوي سۇنماقتىن باشقا ئامالىم يوق. ئەسلىدە بىز ئىككىمىز قېرىنداش بولغاچقا، ھەر دائىم جېدەللىشىپ يۈرگەندەك قىلساقمۇ بەرىبىر بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلىشەتتۇق، ئەمما بىرلىكتە ياشاشقا توغرا كەلگەن كۈنلەردە ھەر دائىم بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپلا يۈرەتتۇق” دەيدۇ پاۋلا. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە سۆيگۈ باردەك قىلسىمۇ، بەرىبىر بىر-بىرىنى تولۇق چۈشەنمەيتتى. ئۇلاردا ئورتاق قىزىقىدىغان تىلغا ئالغۇچىلىقى بار ھېچ نەرسە يوق دېيىشكە بولاتتى.
بۇرۇن ئانگېلا ۋە ئالويىسچىكلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ خۇددى شۇنداق سوغۇق ئىدى. مانا ئەمدى پاۋلا بىلەنمۇ شۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. شۇ يىلى يازدا سپىتالدا يۈز بەرگەن بىر كۆڭۈلسىزلىك ھىتلېرنىڭ ياشلىق باھىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە ئىدى. ئائىلىسىدىكىلەر ئادولفنى پايدىلىق بىرەر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئويلىنىپ كۆرۈشى ھەققىدە مەسلىھەت قىلغىنىدا ئادولف رەت قىلىۋېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئادولف ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان كۆڭۈللۈك ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن سپىتال، بۇندىن كېيىن ئۇنىڭ خاتىرجەم بېرىپ كېلىدىغان يۇرتى بولۇشتىن چىقىدۇ. ئۇ، تۆتىنچى قېتىم ۋيېنناغا سەپەر قىلغىنىدا ھەقىقەتەن ئۆز خاھىشى بويىچە يولغا چىققان ئىدى.
سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ھىتلېر يەنە بىر قېتىم سەنئەت ئىنستىتۇتىغا كىرىش ئىلتىماسىنى سۇنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تاپشۇرغان رەسىملىرى — بۇ بىر يىللىق يالغۇزچىلىق ئىچىدە تىرمىشىپ يۈرۈپ سىزغان رەسىملىرى ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمايدۇ. ھەتتا تاپشۇرغان رەسىملىرى لايىق كۆرۈلمىگەچكە، ئىمتىھانغا قاتنىشىشى ئۈچۈنمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇ ئىككىنچى قېتىم رەت قىلىنىش زەربىسىدىن كېيىن باشقا ئارزۇلىرىنى ئويلاش تۇرماق، بۇندىن كېيىن قانداق كۈن ئۆتكۈزۈش غېمىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشقا يېتىپ ئاشاتتى. ئۇنىڭ ستۇمپېرگاستىكى تۇرۇۋاتقان ئۆيى قولىغا كەلگەن بارلىق مىراسلىرىنى يەپ تۈگىتىۋەتكەن ئىدى. گەرچە ئۇمۇ ئاپىسىنىڭ بىر قىسىم مىراسىغا ئېرىشەلىگەن بولسىمۇ، — بۇنداق بىر مىراسقا ئېرىشكەنلىكى دېگەندەك ئېنىق ئەمەس — بۇ مىراس ئۇنىڭ ۋيېننادا يەنە بىر يىل ياشىشى ئۈچۈن پەقەتلا يەتمەيتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى ئىجارىسى تېخىمۇ ئەرزان باشقا بىر ئۆي تېپىش بولىدۇ. نويابىر ئوتتۇرىلىرىدا ئۇ زاكرېيس خانىمغا ئۆينى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، شۇ ئايقى تۆلىنىدىغان بىر كىشىلىك ئىجارە ھەققىنى تۆلىۋېتىدۇ. گەرچە ئۇ كۇبىزېكنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئازراق كۈتۈپ باققان بولسىمۇ، كېيىن ئۇنىڭغا بىر ئىلىك بولسىمۇ خەت تاشلاپ قويماي ۋېستباخىنخوف كوچىسىنىڭ نېرىقى ئۇچىدىكى قاراڭغۇ بىر بىناغا كۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇ يەر فېلبېر كوچىسىدىكى بىر بىنا بولۇپ، تۆمۈريول بويىدا بىر يەر ئىدى.
ئادولف، 18-نويابىر كۈنى ساقچىغا بېرىپ يېڭى كۆچكەن ئادرېسىنى ئەنگە ئالدۇرىدۇ (يېڭى ئادرېسىنى تىزىملىتىش ئاۋسترىيە بىلەن گېرمانىيەدە بىر قائىدە بولۇپ، ئۆي كۆچكەندىن كېيىن چوقۇم ئەنگە ئالدۇرۇش شەرت ئىدى). ئۇ، جەدۋەلدىكى كەسپى دېگەن كاتەكچىنى “رەسسام” دەپ توشقۇزماي “ئوقۇغۇچى” دەپلا يېزىپ قويىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ دوستى كۇبىزېكمۇ ۋيېنناغا قايتىپ كېلىدۇ. سپىتالدىكى ۋاقتىدا ھىتلېر ئۇنىڭغا بىر پارچە ئاتكرىتكا ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا “سېنىڭ ئات قويۇلغان مۇراسىم كۈنۈڭنى چىن قەلبىمدىن ياخشى تىلەكلەر بىلەن تەبرىكلەيمەن” دېگەندىن باشقا ھېچ بىر گەپ يېزىلمىغان ئىدى. شۇ كۈندىن كېيىن كۇبىزېك ھىتلېردىن پەقەتلا خەت تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۇزۇنغىچە جىم بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا كۆنۈك بولغاچقا، ۋيېنناغا بارغىنىدا چوقۇم ئالدىمغا چىقىپ مېنى كۈتۈۋالىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەمما پويىز ئىستانسىسىدا ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. ئامالسىز ئېغىر يۈك-تاقىلىرىنى بىر قۇر كۆزدىن كۆچۈرگەندىن كېيىن ئالدىراپ يولغا چىقىپ ستۇمپېرگاس 29-نومۇرغا يېتىپ كېلىدۇ. ھىتلېر كۆچۈپ كېتىش ۋاقتىدا نېمىشقا بىر ۋاراق بولسىمۇ خەت تاشلاپ كەتمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئۇقالماي ھەيران بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرىدىغان يېڭى ئادرېسىنى زاكرېيس خانىمغا تاشلاپ قويۇپ ياتىقىغا كېتىدۇ. ۋاقىت ھەپتىلەپ ئۆتمەكتە، ئەمما تېخىچىلا ھىتلېردىن خەۋەر يوق. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى شۇنچە ئويلاپمۇ ھېچ نېمە ئۇقالمايدۇ. يا بولمىسا ئۇنى بىلمەستىن رەنجىتىپ قويغان يېرى بارمىدى؟ ئۇنداق ئىشنىڭ بولغانلىقىمۇ ئېسىدە يوق ئىدى. ئايرىلىش ۋاقتىدا ئىككىسى يەنىلا يېقىن دوست ئىدى.39 كېيىن يازغان خەتلىرىدە ھېچقانداق قۇرساق كۆپىكى تىلغا ئېلىنمىغان ئىدىغۇ؟
كۇبىزېك لىنزغا قايتا بىر بارغىنىدا ئادولفنىڭ ھەدىسى ئانگېلانى تېپىپ، ئۇنىڭدىن ھىتلېرنىڭ ۋيېننادىكى يېڭى ئادرېسىنى سورايدۇ. ئۇنىڭ ھەدىسى، مەندە ئۇنىڭ ئادرېسى يوق، ئۇ ماڭىمۇ خەت يازمىدى دەپ قوپاللا جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن ئانگېلا كۇبىزېكتىن رەنجىپ، ئىنىمنىڭ رېئاللىقتىن قېچىپ يۈرۈشىدە سېنىڭمۇ بىر كىشىلىك ھەسسەڭ بار دەپ دوق قىلىدۇ. ئەمما كۇبىزېك ئۇنىڭغا، سەن ھېچ نىمىدىن خەۋىرىڭ يوقلا يولدىشىڭنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ بىر نېمىلەر دەيدىكەنسەن دېگىنىچە دوستىنىڭ يېنىنى ئالىدۇ. دوستى ھەققىدە ئانگېلا بىلەن كېلىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ گېپىنى ئۈزۈپ كېتىپ قالىدۇ.
ئادولف، شۇندىن كېيىن كۇبىزېك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدۇ. ئۇ ھەتتا لىنزنى، يۇرتىدىكىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئەسلىتىدىغان ئىشلارنىڭ ھېچ بىرى بىلەن چاتىقى بولمايدۇ. ئادولفنىڭ كۇبىزېككە بولغان ھېسسىياتى كۇبىزېكنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىياتىدەك ئۇنچىلىك چوڭقۇر ئەمەس ئىدى. ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھېچ بولمىغاندا شۇ ۋاقىتقىچە بولسىمۇ ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەن بىر مۇناسىۋەت ھېسابلىناتتى. ئۇندىن باشقا، گۇستىل ئوقۇشىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بىرى ھېسابلىناتتى، ئەمما ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ھىتلېر مەغلۇپ بولغان بىرى ئىدى. 1909-يىلىنىڭ 20-ئاپرېل كۈنى، ھىتلېر، 20 ياش تۇغۇلغان كۈنى فېلبېرسىتراس كوچىسىدىكى ئۇ قورقۇنچلۇق بىنا ئىچىدە ياپيالغۇز ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەيدۇ. ئايلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە، ھىتلېرمۇ ئەتراپىدىكى قىلچە ھاياجان پەيدا قىلالمايدىغان مۇھىتقا چىداپ لىنزدىكى ۋاقىتلىرىدا قىلغان فانتازىيىلىك خىياللىرىدەك خام خىياللار ئىچىدە ياپ-يالغۇز، جىمجىتلىق ئىچىدە بۇ مەنىسىز كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، ھەقىقەتەن خىيالى ئۇلۇغ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ھېچ ئىش يوق كۈنلەر ئىدى. قوشنىلىرى ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەمما ھېچ كىم بىلەن يېقىنلىشىشنى خالىمايدىغان بىرى ئىدى دەپ ئەسلەيدۇ. يېقىندىكى بىر ئاشخانىدا (كۇباتا ئۆز كۈچىگە تايىنىش رېستورانى دېگەن ئاشخانا) كاسسىغا قارايدىغان بىر ئايالنىڭ ھىتلېرغا بولغان تەسىراتى بەكلا چوڭقۇر بولۇپ، “ئۇنىڭ مىجەزى يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بەكلا تىنچ، كىتابقا بەكلا ئامراق، ئۆزىنى تۈتىۋالغان بولۇش بىلەن قالغان ياشلاردىن تۈپتىن پەرقلىنەتتى” دەيدۇ. ئۇ ئايال ئادولفقا بەكلا ئامىراق بولغاچقا پات-پات بىكارغا چوڭ بىر پارچە گۆشلۈك قاتلىما بېرىپ قوياتتىكەن.
كۈزگە يېقىن، ھىتلېرنىڭ بېشىغا يەنە بىر ئېغىرچىلىق كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھەر ئايلىق ئېلىپ تۇرۇۋاتقان 25 كرونېنلىق ياردەم پۇلىدىن باشقا ھېچ نېمىسى قالماي بەكلا گاداي ھالەتكە چۈشۈپ قاىدۇ. شۇڭا ئۇ، فېلبېرسىتراس كوچىسىدىن ۋېستباخىنخوفنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى كىچىكرەك بىر بىناغا كۆچۈپ كىرىۋالىدۇ. ئۇ يەرنىڭ ئادرېسى سېچشاۋۇسېرستراس كوچىسى 58-نومۇر بولۇپ، ئۇ بىنانىڭ 21-نومۇرلۇق چاققان بىر ئېغىزلىق ئۆيىگە جايلىشىدۇ. بۇ يەرمۇ خۇددى بۇرۇن تۇرغان يېرىدىكىدەك بەكلا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىر يەر ئىدى. بۇنى ئاز دەپ، بىنانىڭ ئالدىدىكى تار يولدا ترامۋايلار تىنماي تاقىرداپ ئۆتۈپ تۇراتتى. 22-ئاۋغۇست كۈنى، قايتىدىن ساقچىغا بېرىپ يېڭى ئادرېسىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ كېلىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىنى “يازغۇچى” دەپ تونىتىدۇ. ئەمما ئۇ بىر ئاي بولمايلا يامان ئەمەس ھېسابلىنىدىغان بۇ ياتاقتىنمۇ چىقىپ كېتىپ، چېكىدىن ئاشقان ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى نامراتلار جەمئىيىتى ئارىسىدا يوقاپ كېتىدۇ. ئۇ ھېچقانداق ئادرېس قالدۇرماي يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ساقچىدىكى تىزىملىتىش جەدۋىلىنىڭ “كېيىنكى ئادرېسى” دېگەن كاتەكچىنى ئاق تاشلاپ قويىدۇ. “قاچان كۆچكەن” دېگەن يېرىنى “ئېنىق ئەمەس” دەپلا توشقۇزۇپ قويىدۇ. ئۇنىڭ يانچۇقى قۇپقۇرۇق، قىلىدىغانغا ئىشىمۇ يوق ياكى ئىشلەپ پۇل تېپىشنىمۇ خالىمايتتى. شۇندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي جەريانىدا ئۇ بېشى قايغان پۇتى تايغان يەرلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ رەسىمىلا بىر تىلەمچىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ بەزىدە باغچىدىكى ئورۇندۇقلاردا ياكى قايسى بىر بىنانىڭ ئىشىكىدە يېتىپ-قوپۇپ يۈرىدۇ. بىر مەزگىل پراتېر يەنى دوناي دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى داڭلىق بالىلار ئويۇنچۇق باغچىسى ئۇنىڭ يېتىپ-قوپىدىغان ئۆيىگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتسە باغچىدىكى لەمپىلەرنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ ھۆل بولۇشتىن پەلتوسىنىڭ سايىسىدا ساقلىناتتى. ئۇنىڭ تەلىيىگە شۇ يىلى قىشمۇ بالدۇر كىرىدۇ. 1909-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ھەقسىز بىرەر يەردىن قونغىدەك ئۆي تاپالماي قاۋاقخانىلاردا، پاسكىنا كاتەكلەردە ياكى بەكلا ئەرزان ناچار ياتاقلاردا يېتىپ قوپۇشقا باشلايدۇ. ئۇ، بىر قېتىم كايسېر كوچىسىدىكى بىر قەھۋەخانىدىمۇ قونۇپ چىقىدۇ، يەنە بىر قېتىم ئېردبېرگسىتراس كوچىسىدىكى بىر يەھۇدىي خەيرچى ئاچقان “ئىسسىق ئۆي” دىمۇ قونۇپ باقىدۇ. يەنە بىر قېتىمدا، قايسى بىر ئەمگەك مەيدانىدا بىر كىشىلىك ياتىدىغان يەرگىمۇ ئېرىشىدۇ. ئۇ يەر بەكلا پاسكىنىچىلىق بىر يەر بولۇپ، ئۆيى يوق نۇرغۇنلىغان يېتىمچىلار بىلەن بىرگە يېتىپ قوپۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئۇ يەردە ئۇخلاش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىدى. ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى شۇنچىلىك سېسىق پۇرايتتىكى، نەپەس ئېلىشمۇ تەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇششاق بالىلارنىڭ تىنماي يىغا-زار قىلىشلىرىغا بەرداشلىق بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.40 بۇمۇ ئازلىق قىلغاندەك، مەست زابويلار تاڭ ئاتقىچە ئاياللىرىنى دۇمبالاپ يىغلىتىپ چىقاتتى.
ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا يازغان ئەسلىمىسىدە شۇ كۈنلەر ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: “بۈگۈنمۇ شۇ پاجىئەلىك ئۇۋىلارنى، شۇ يېتىمخانىلارنى، تىلەمچىلەر سورۇنلىرىدىكى غالىلداپ تىترەپ ياتقان كىشىلەرنى، سېسىق پۇراپ تۇرغان، پىت-چۇسا قاپلاپ كەتكەن ۋەيرانە مەنزىرىلەرنى ئەسلىسەم ۋۇجۇدۇم شۈركۈنۈپ تىترەپ كېتىدۇ. ’ئۇ يەرلەر‘ ھەقىقەتەنمۇ ’مىڭ بىر كېچە‘ چۆچەكلىرىدىن قوپۇپ چىققان دەرد-ئەلەم شەھىرىگىلا ئوخشايتتى.” ھىتلېر شۇنداق تەسۋىرلەش ئارقىلىق، بۇرۇنقى تەسۋىرىدىكى ۋيېننانى بىر دومىلاپلا قاپقاراڭغۇ دوزاخقا ئوخشىتىپ تەسۋىرلەيدۇ. “كەچۈرۈڭلار، ۋيېننا ھاياتىمدىكى ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ جاپالىق كۈنلىرىمنىڭ بىر يالدامىسى بولۇپلا كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.” شۇڭا ئۇ، بۇ نامراتلار ئۇۋىسىدىن چىقىپ چېركاۋلاردىن ياردەم تىلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدا ئۇنىڭ دەسلەپتە تۇرغان ستۇمپېرگاس يېنىدىكى موناستىر دەرۋازىسى ئالدىدا قاتارغا كىرىپ ئۇماچقا ئۆچىرەت تۇتىدۇ. ئۇنىڭدەك سەرگەردانلار بۇ ئىشنى “كاتىيەنى زىيارەت قىلىش” دېيىشەتتى. كاتىيە، بەلكىم ئۇ موناستىر مۇدىرىنىڭ ياكى سان كاتېرىن موناستىرى ئىسمىنىڭ قىسقارتىلمىسى بۆلىشىمۇ مۇمكىن.
كۈز ئايلىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە كىيىدىغان بارلىق كىيىملىرىنى دېگۈدەك رەنىگە قويۇپ تۈگەتكەن بولۇپ، ھەتتا ئۇ سوغۇقتى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ئۇچىسىدىكى قارا پەلتۇسىنىمۇ سېتىپ خەجلەپ بولغان ھىتلېر، قار-شىۋىرغانلىق زىمىستان قىشقا پەلتوسىز كىرىپ تېخىمۇ بەتتەر خور كۈنگە قالىدۇ. روژدېستۋو بايرىمىدىن سەل ئاۋۋالقى بىر گۇگۇم ۋاقتىدا، ئۇ يېلىڭ كىيىملەر ئىچىدە غالىلداپ تىترەپ مۈكچەيگىنىچە شەھەر سىرتىدىكى مېيدلىڭ دېگەن قەلەندەرلەر خەيرىيەت ئورگىنىغا سائەتلەرچە يول يۈرۈپ ئاران ئېلىشىدۇ. ئۇ يەرگە يېتىپ بارغىنىدا ئۇنىڭ ئايىغى ئۈششۈپ قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىپ ھالىدىن كەتكەن ئىدى. بۇ ئورگان قايسى بىر خەيرى ساخاۋەتچى جەمئىيەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئورۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي چىقىمىنى ئېپستېين جەمەتى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. بۇ يەر 1870-يىلى سېلىنغان بولۇپ، كېيىن ئومۇمىي يۈزلۈك رېمونت قىلىنىپ ئۆتكەن يىلى قايتىدىن ئېچىلغان ئىدى. بۇ يەردە كىرىدىغان ئۆيى يوق كىشىلەر بالا-چاقىسى بىلەن بىرگە ئازراقلا پۇل تۆلىسە ياتىقىدەك بىر ئۆيگە ئېرىشەلەيتتى. كۈچىدىن قالمىغانلار ئۇ يەردە تازىلىق ئىشلىرىغا ئوخشاش ئىشلارغا ياردەملىشىپ ئاز-تولا چاي پۇلى چىقىرىۋالاتتى. بۇ يەر زامانىۋى سېلىنغان بىر قۇرۇلۇش بولۇپ، تۈپتۈز بىر بوشلۇقتا تىكەندەك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بىنادىكى ئۆيلەر كەڭ-كۇشادە بولۇپ، ھاۋاسى ياخشى، كارىۋاتلىرى ھەربىي گازارمىلاردىكىدەك نومۇر قويۇلۇپ قاتار تىزىلغان ئىدى. ئاساسلىق تامىقى بولكا بىلەن ئۇماچ شورپىسى بولۇپ، تويغىچە بېرىلەتتى. ئۇ يەرنىڭ باشقۇرۇلۇشى رەتلىك بولۇپلا قالماي كىشىلەرنىڭ كۈنىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى. بىنادا بىر مۇنچە دۇش ئالىدىغان يەرلەر، قاچا يۇيۇش ئورۇنلىرى ۋە ھاجەتخانىلىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پاك-پاكىز تازىلىنىپ تۇراتتى. دېكابىر ئېيىدا، ھاۋا بەكلا سوغۇق بولۇپ كېتىدۇ. ھىتلېر سوغۇقتىن توڭلاپ تىترەپ يۈرگەن نۇرغۇن خارلانغان كىشىلەر بىلەن بىر قاتاردا بۇ خەيرىيەت ئورگىنىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قوبۇل قىلىنىشىنى كۈتۈپ ئۆچىرەتكە تىزىلىدۇ. ئاخىرى دەرۋازا ئېچىلىدۇ. بارغۇدەك يېرى يوق بۇ بىچارىلەر قاتار تىزىلغىنىچە ئىچكىرىگە كىرىپ، ئىسىم-فامىلىلىرى بويىچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىدۇ. ئۇششاق بالىلار ئانىسى بىلەن بىرگە قالىدۇ. ھىتلېرمۇ بىر كارتۇشكىغا ئېرىشىپ بۇ يەردە بىر ھەپتە قېلىشى ئۈچۈن تەستىقلىنىدۇ. ئۇنى چوڭ بىر ياتاق زالىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۆز ئالدىغا يالغۇز يېتىپ-قوپۇپ ئادەتلىنىپ قالغان بىر يىگىت ئۈچۈن بۇنداق ئوپچە ياتاقتا يېتىش ھەقىقەتەن ئېغىر ئىدى. ئاۋۋال ئۇ ئورتاق مۇنچىغا چۈشۈرۈلۈپ تازىلىنىشى، پىتلاپ كەتكەن، چۇسا قاپلاپ كەتكەن كىيىملىرىنى دورىلاش نومۇسىغا چىدىشى، ئاندىن گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن قاتار تىزىلغىنىچە ئاشخانىغا كىرىپ ئۇمىچى بىلەن بولكىسىنى ئېلىشقا كۆنۈشكە مەجبۇر ئىدى.
خەيرىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن بېقىلىۋاتقان بىرى بولۇشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئادەتتە شۇنچە ئەركە ئۆستۈرۈلگەن بىر ياش يىگىتنىڭ بۇنداق بىر ئورگان دەرۋازىسى ئىچىدە بىرىنچى كۈنى دۇچ كەلگەن بۇ تۈردىكى خورلۇققا چىدىيالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەقىقەتەنمۇ تەس. ئۇنىڭدەك بىر يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ يېتىم-يېسىرلارغا ياخشى قاراپ، ئۇلارغا ياتىقىدەك بىر يەر بېرەلىگىنى بىلەن، بۇنداق بىر يەرگە بىر قېتىم كىردىمۇ-بولدى، شۇندىن كېيىن ئۇنداق بىرى بۇنداق نامراتلار سېپىدىن ئىككىنچى ئايرىلالماس ھالغا كېلىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىدى. بۇنداق يىغىۋېلىش ئورنىدىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولۇپ قالاتتى.41 مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا رەسمىي بىر جىنايەتچىگە ئايلىناتتى دېيىش مۇمكىن. بۇنداق يەرگە يېڭى كىرگەن بىرى خىجىللىق سەۋەبىدىن ھە دېگەندىلا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالاتتى. ھىتلېرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلىۋەتتە. بۇ يىغىۋېلىش ئورنىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ تۈر ئوپچىۋاي تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتكەن يۇۋاش كىشىلەر ئىدى. بۇ يەردىكى ھەربىي گارنىزوندەك چوڭ ياتاقلاردا يېتىۋاتقانلار تىنماي ۋالاقلاپلا يۈرۈشەتتى. بۇنداق بىر مۇھىتتا، پاكىز يوتقان-كۆرپىلەرگە ئۇرۇنۇپ ياتقان ھىتلېر، تۇنجى كېچىدە روھى چۈشۈپ كۆڭلى يېرىم قىياپەتتە ياتىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
ھىتلېرنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ ئۇنىڭغا تۇنجى بولۇپ كۆڭۈل بۆلگەن كىشى ياندىكى كارىۋاتتا ياتقان بىر سەرگەردان خىزمەتچى ئىدى. ئۇ قەلەندەر ھىتلېرغا بىر ھۈنىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ: ئەگەر بۇ يىغىۋېلىشتا بەلگىلەنگەن بىر ھەپتە قېلىش مۇددىتىدىن ئارتۇق تۇرۇپ قالماقچى بولىدىكەنسەن، ئازراقلا پۇل خەجلىسەڭ، بۇ يەردىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئايرىلماقچى بولغانلارنىڭ ياتاق كارتۇشكىسىنى سېتىۋالساڭلا كۇپايە دەيدۇ. بۇ چاكار — ئۇنىڭ ئىسمى رېيىنخولد ھانىش ئىدى — بۇرۇن رەسسام بولۇشنى خام خىيال قىلىپ يۈرىدىغان بىرى ئىكەن. ھىتلېرنىڭ ئەدەپلىك گەپ-سۆز قىلىشى ۋە قىياپىتى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. ھىتلېرمۇ ئۇنىڭ گېرمانىيەدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرى ھەققىدە توقۇۋالغان ھېكايىلىرىگە قىزىقىپ قالىدۇ — ھانىش بۇرۇن بېرلىندا بىر قانچە يىل تۇرغان ئىكەن. ھانىش (“بىز ھەر كۈنى چوقۇم كۆرۈشۈپ تۇرىمىز. گەرچە بەكلا قىيىن كۈنلەردە قالغان بولساقمۇ، يەنىلا روھىمىزنى كۆتۈرەڭگۈ تۇتىشىمىز كېرەك” دەپ نەسىھەت بېرىپ تۇراتتى) يېڭى دوستى ھىتلېرغا “رېيىن دەرياسىنى ساياھەت قىلىش ئۇسۇلى” ھەققىدە سۆزلەپ كېتەتتى. ئەمما ھىتلېر ئۇنىڭ “بىز نېمىسلار بۇ دۇنيادا تەڭرىدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايمىز” دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ، قايتىدىن ئۈمىدلىنىپ كۆزلىرى چاقناپ كېتىدۇ.
ھەممىدىن مۇھىمى، ھانىش بۇ يېڭى ئوقۇغۇچىسىغا تەلىم بېرىپ كېلىپ مۇنداق دېيىشى ئىدى: جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلاملىرىدا زىمىستان قىشلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بىرى باسقان ھەر بىر قەدىمىنى ھەرگىز بىكارغا باسماسلىقى، ھەر قانداق بىر پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەسلىكى لازىم دېيىشى ئىدى. ئەتىگەن سەھەردە، ئۇ ئىككىسى يىغىۋېلىش ئورنىدىن چىقىدۇ — ئادولف ئۇ يېرىنى ياپسا بۇ يېرى ئېچىلىپ قالىدىغان بەكلا يېلىڭ بىر پەلتو كىيگەن بولغاچقا، سوغۇقتىن توڭلاپ غالىلداپ تىترەپ كۆكىرىپلا كېتىدۇ. ئۇلار شۇ سوغۇقتا پىيادە يول يۈرۈپ مىڭ تەستە “كاتىيە” گە يېتىپ بېرىپ ئۇماچقا ئۈلگۈرىدۇ؛ ئاندىن قايسى بىر ئىسسىق زال ياكى دوختۇرخانا زالىدا بىر قانچە سائەت ئولتۇرۇپ زىمىستان سوغۇقتىن ساقلىنىدۇ. ئاندىن يەنە قايتا موناستىرغا بېرىپ ئازراق ئۇماچ ئىچىشىدۇ. گۇگۇم ۋاقتىدا، يىغىۋېلىش دەرۋازىسىنىڭ ئېچىلىشقا ئۈلگۈرۈپ ياتىقىغا كىرىۋالىدۇ. ئەگەر ئۇلار سىرتتىن يىغىۋېلىش ئورنىغا قايتىشىدا دەرۋازىنىڭ ئېچىلىشىنى بەك ئۇزۇن ساقلاشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشىنى مۆلچەرلىگەن ۋاقىتلىرىدا، يولدا بىرەرىگە قار سۈپۈرۈپ بېرىش ياكى ۋېستباخىنخوف كوچىسىدا بىرەرىنىڭ يۈك-تاقىسىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن بىر قانچە تەڭگە پۇل تاپقاچمۇ كېلەتتى. ئەمما ھىتلېرنىڭ تېنى بەكلا ئاجىز بولغاچقا، تۈزۈك ئىشمۇ قىلالمايتتى: يۈك كۆتۈرۈپ ھەر بىر قەدەم باسقىنىدا ئۇنىڭ پۇتلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي تىزلىرى پۈكىلىپلا قالاتتى. بىر قېتىم ئۇ بىرىنىڭ ئېرىق كولاش ئىشى بارلىقىنى بىلىپ، بېرىپ ئۇ ئىشقا ئىلتىماس قىلىش نىيىتىگە كېلىدۇ. ئەمما ھانىش ئۇنى بۇ ئىشتىن توسايدۇ: “مۇشۇ ھالىڭدا، بۇنداق بىر ئىشنى قىلماقچى بولىدىكەنسەن، ئەتىسى ئورنۇڭدىن تۇرالماي يېتىپلا قالىسەن.”
ئادولف ئالدامچىلىق قىلىپ تەلىيىنى سىناپ بېقىشنىمۇ ئويلايدۇ. ئەمما ئۇنىڭدا نە ئادەم ئالدىغۇدەك بۇنداق بىر قابىلىيەت يوق، نە باشقىلارنىڭ يېنىغا قول سالغىدەك جاسارەت بار. كېيىن ئۇ، يىغىۋېلىش ئورنىدىكى بىر ھەمراھىنىڭ خېرىدارى بولىدۇ. بۇ ھەمراھى بۇ يەردىكىلەرگە “كۆڭلى يۇمشاق سەدىقە بېرىدىغان كىشىلەر” نىڭ ئۆي ئادرېسلىرىنى سېتىش بىلەن قالماي، يەنە قانداق قىلىش ھەققىدىمۇ تەلىماتلارنى بىرگە قوشۇپ بېرەتتى. ئالايلۇق، ئەگەر شوتتېنرىڭدا بىرەر مومايغا دۇچ كېلىپ قالغۇدەك بولسا، ئاۋۋال “ئەيسا مەسىھىمىزگە مەدھىيىلەر بولسۇن!” دەپ سالام بەرگىنىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قايسى بىر چېركاۋنىڭ رەسسامى ياكى مەبۇد ھەيكەلتىراشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھازىر ئىشسىز قالغانلىقىنى ئېيتىش كېرەكلىكىنى؛ كۆپىنچە ھاللاردا بۇنداق گەپلەر ئۈچۈن بىر-ئىككى كرونېن تاشلاپ يولىنى داۋام قىلىدىغانلار تېپىلىدىغانلىقى دېگەندەك تەلىماتلارمۇ بولاتتى. ئەمما ھىتلېر بۇ تۈردىكى دىنى قۇرۇق گەپلەر ئۈچۈن ئالىدىغىنى كۆپىنچە بىر مۇنچە دەشنام ئىشىتىش بولۇپ چىقاتتى. باشقا ئۇسۇللاردىمۇ ئۇنىڭ تەلىيى يوق دېيەرلىك ئىدى. شۇڭا ئۇ، قايتا چېركاۋغا باش ئۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. چېركاۋدىكىلەر ئۇنىڭغا كىچىك 3 پارچە گۆشلۈك قاتلىما تۇتقۇزۇپ يولغا سالاتتى. بەزىدە موناستىر ئارخىماندرىتى ئۇنىڭ مەسھىگە مەدھىيە ئوقۇش سالىمىنى ئالغىنىدىن كېيىن بىرەر كرونېن پۇل تاشلاپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇنى كېيىن “ئىلاھىيەتچى تالىپلار جەمئىيىتى” دىكىلەر بىلەن كۆرۈشكىن دەپ تاپىلايتتى.
ھانىشنىڭ ئەقلى يەتمىگىنى، ھىتلېردەك شۇنچە ياخشى تەلىم ئالغان، بۇنچىۋالا ئىقتىدارلىق بىرى قانداقلارچە بۇنداق سەرگەردان ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ئىدى. ئۇ ھىتلېردىن سەن چوقۇم بىرەر ئىشنى ساقلاپ يۈرگەن بىرىسەن دەيدۇ. “مەنمۇ بىلەلمىدىم نېمىنى كۈتۈۋاتقانلىقىمنى” دەپ روھسىز بىر قىياپەتتە جاۋاب بېرىدۇ ھىتلېر ئۇنىڭغا. ھانىش بۇنچە ئازابقا قالغان،42 بۇنچە ئېچىنىشلىق بىر چىراينى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئادولفقا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنىڭغا ئاز-تولا ياردەم قىلىش نىيىتىگە كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش خىيالىدا ئەمەس ئىدى. ئۇ، ئورۇقلاپ بىر تېرە-بىرئۇستىخان بولۇپ، غەم-قايغۇدا قالغان ھىتلېرنىڭ تۇرقىدىن پايدىلىنىپ كېيىنچە تاماق تېپىپ يېيىش ئېھتىمالى بارلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن ئۇنى ئاتكرىتكا سىزىپ پۇل تېپىشقا ئۈندەيدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭ بۇ مەسلىھەتىگە قارىتا كىيىم كېچىكىنىڭ بەكلا ۋەيرانە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كوچىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاتكرىتكا سېتىشقا ئىمكانى يوقلۇقىنى، شۇنىڭدەك ئۇنى ساتىمەن دەپ ئىشىكمۇ-ئىشىك قاتراپ يۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. “بۇنىڭ غېمىنى قىلما، — دەيدۇ ھانىش، — ئاتكرىتكىنى سېنىڭ ئۈچۈن مەن سېتىپ بېرىمەن. ئەمما تاپقان پۇلنى تەڭ بۆلىشىمىز” دەيدۇ. شۇنداقتىمۇ يايمىچىلىق قىلىش رۇخسەت قەغىزى بولمىسا ئۇلارنى ساقچىلار قوغلاپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ھانىش ئۇنىڭغىمۇ ئامال بارلىقىنى ئېيتىپ، قارىغۇ ياكى مېيىپ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئۇششاق قاۋاقخانىلاردا ساتالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھىتلېرنىڭ يەنە بىر غېمى بار ئىدى: ئۇ پۈتۈن رەسساملىق ئەسۋابلىرىنى پەلتوسى بىلەن بىرگە قوشۇپ سېتىۋەتكەن ئىدى. چارە تېپىشقا ئۇستا ھانىش، ئۇنىڭغىمۇ ئامال بار، سەن تۇغقانلىرىم بار دېمىگەنمىدىڭ، خەت يېزىپ شۇلاردىن ياردەم سورا دەيدۇ. ئادولف يەنە، بۇنى يېزىشقىمۇ قەلىمى يوقلۇقىنى ئېيتىپ ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنغىنىدا، ھانىش ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇپ قالمايدۇ. شۇڭا ئۇ سىلېزىيەدىكى كىچىك بىر دەللال بىلەن بىرگە ئادولفنى مېيدلىڭ پويىز ئىستانسىسى ئالدىدىكى ئارتابېر رېستورانىغا ئاپىرىدۇ. ھىتلېر بىرىدىن ئۆتنە ئالغان قەلەم بىلەن بۇ ئىككى سېتىقچىنىڭ دېگىنى بويىچە ئۆيىدىكىلەرگە (ئېھتىمال جوھاننا ھاممىسىغا بولسا كېرەك) بىر پارچە ئاتكرىتكا ئەۋەتىپ، پوچتىدىن ئاددىي پېرېۋوت ئارقىلىق ئازراق پۇل ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ھىتلېر پوچتىخانىدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. كونۋېرت ئىچىدە 50 كرونېنلىق بىر ۋاراق بانكا پۇل چېكىمۇ بار ئىدى (“ئۇ كۈنلەردە بۇ پۇل مېنىڭ ئۈچۈن ئاز پۇل ھېسابلانمايتتى” دەيدۇ). ئۇ شۇنداق خوش بولۇپ كېتىدۇكى، شۇ كۈنى ئاخشىمى يىغىۋېلىش دەرۋازىسىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ ئۆچىرەتتە تۇرغان كىشىلەرگە داۋراڭ قىلىپ كېتىدۇ. قۇۋ دوستى ئۇنىڭغا پۇلنى چىڭ ساقلا، بولمىسا ئۇلار پۇلۇڭنى ئوغرىلىۋالىدۇ ياكى سەندىن قەرز سوراپ بېشىڭنى ئاغرىتىدۇ دەيدۇ.
بۇ كۈنلەردە ھىتلېرنىڭ يۆتىلىمۇ كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشى دەرھال بىر قىشلىق پەلتو سېتىۋېلىش ئىدى. دوستى ئۇنىڭغا يەھۇدىيلار رايونىغا بېرىپ كومسيونچىلار ماگىزىنىدىن سېتىۋېلىشنى مەسلىھەت قىلىدۇ. ئەمما ئادولف، بۇرۇنقى پەلتوسىنى سېتىۋالغان ۋاقتىدا يەھۇدىيلارنىڭ ئالدىمىغا چۈشكەنمەن دەپ ئۇنىمايدۇ. كېيىن ئۇ ھۆكۈمەت ئاچقان گۆرۈخانىغا بېرىپ 12 كرونېنغا بىر قارا پەلتو سېتىۋالىدۇ. ھانىش ئۇنى دەرھال ئاتكرىتكا سىزىش ئىشىنى باشلاشقا ئۈندەيدۇ. ئەمما ئۇ بىر ھەپتە ياخشىراق دەم ئېلىۋېلىپ ئاندىن باشلايلى دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغىۋېلىش ئورنىدا رەسىم سىزىش ئۈچۈنمۇ تۈزۈكرەك بىر يەر يوق ئىدى. ماننېرھېيمدا بىر بويتاقلار ياتىقى بارلىقىدىن خەۋەر تېپىپ شۇ يەرگە كۆچۈپ چىقماقچى بولىدۇ. ئۇ يەردىكى ھۇجرىلار بەك كىچىك بولغىنى بىلەن، ئۇ بۆلۈملەردە يالغۇز يېتىپ-قوپۇشقا بولاتتى. شۇنىڭدەك ئوپچىۋاي ئولتۇرۇشقا بولىدىغان بىر زالمۇ بار بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇ يەردە ئۆز ئىشلىرىنى قىلىشىغا رۇخسەت قىلىناتتى. يەنى بۇ يەرنىڭ شارائىتى نىسبەتەن ياخشىراق ئىدى.
بۇ بويتاقلار ياتىقىنىڭ ئورنى دوناي دەرياسىنىڭ نېرىقى قىرغىقىدا ئىدى. 1910-يىلى 9-غېنىۋار كۈنى ھىتلېر ۋيېننا شەھىرىنى ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ پىيادە ئۇزۇن يول يۈرۈپ ئاخىرى ئۇ يەرگە بېرىۋالىدۇ. ھانىش ھىتلېرنىڭ كەينىدە سۆرىلىپ خىزمەتچىلىكىنى قىلىپ يۈرۈگەنگە قارىغاندا بۇرۇنقى قىلىۋاتقان ئاددىي مالايلىق ئىشىنى تاشلىغۇسى كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ ھىتلېر بىلەن ئۇ يەرگە بىللە بارمايدۇ. بۇ رايون ۋيېننانىڭ 20-رايونى بولغان برىگىتتېناۋ رايونى ئىدى. بۇ يەر ئەسلىدە بىر سانائەت رايونى بولغاچقا ئولتۇراق ئاھالە بەكلا قالايمىقان، يەھۇدىيلار نوپۇسى لېئوپولد رايونىدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ بىر رايون ھېسابلىناتتى. بۇ يەرمۇ بىر ۋاقىتلىق ئاھالىلەر رايونى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەرنى ياخشىراق ئىش تېپىۋالغۇچە تۇرىدىغان باشلىنىش نۇقتىسى سۈپىتىدە پايدىلىناتتى. ماننېرھېيم دوناي دەرياسىدىن يېرىم چاقىرىمدەك يىراقتا بىر بىنا بولۇپ، ئۇ بىنا مېلدېمانسىتراس كوچىسىنىڭ 25~27-نومۇرلۇق قورۇسى ھېسابلىناتتى. ئۇ بىنادا 500 دەك بويتاق تۇرالايتتى.
بۇ بىنا زامانىۋى سېلىنغان بىر بىنا بولۇپ، بىنا سېلىنغىنىغا ئەندىلا بەش يىل بولغان ئىدى. بىنانىڭ ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى بىر قەدەر تولۇق بولغاچقا، ۋيېننالىق بەزى ئوتتۇرا ھال سىنىپ ئاھالىسى بۇ يەرنىڭ ئالاھىدە ھەشەمەتلىك بىر بىنا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشقان. ئاساسى بىنادا چوڭ بىر تاماقخانا بولۇپ، چىراغلار بىلەن يوپيورۇق يورۇتىۋېتىلگەن؛ تاملارنىڭ تۆۋەن يېرىمى يېشىل چاقچۇقلار بىلەن بېزەلگەن بولغاچقا، كىشىگە ئىللىق تۇيغۇ بېرەتتى.43 تاماقلار پۈتۈنلەي تاماق سۇپىلىرىدا بېرىلەتتى. تاماق كارتۇشكىسىنى شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئىلغار ماشىنىسى بولغان ئاپتوماتىك ماشىنىغا كىرگۈزسىلا بولاتتى. تاماقلارنىڭ باھاسىمۇ كۆپ ئەرزان، سۈپىتى ياخشى، مىقدارى كۆپ ئىدى. بىر تەخسە گۆشسىز قورۇما بىلەن بىر تاۋا كاۋىپى 19 مىس تەڭگە ئىدى. يەنە 4 تەڭگە ئارتۇق تۆلىسىلا قورساق توياتتى.
ئۆيلەردە ئايرىم-ئايرىم ئون نەچچە گاز ئۇچاق بار بولۇپ، تاماققا پۇل چىقىش قىلالمايدىغانلارنىڭ ئۆزى تاماق قىلىپ يېيىشى ئۈچۈن قويۇلغان ئىدى. ياتاقتا ياتىدىغانلار بۇ يەردە ھەقسىز قازان-قۇمۇچتىن پايدىلىنالايتتى. شۇنداق قىلىپ ئۆزلىرى تېخىمۇ ئاز پۇلغا تاماق ئېتىپ يېيەلەيتتى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تامىقى قۇمچامغۇر تامىقى بولۇپ، كىشىلەر مەيلى گۆشلۈك بولسۇن-بولمىسۇن، قۇمچامغۇرنى ياغدا قىزارتىپ يېيىشكە ئامراق ئىدى. ئۇ يەردىكىلەر بىر قانچىسى بىرلىشىپ ئىشى يوقلار ياتاقتا قېلىپ تاماق ئېتىشكە، ئىشى بارلار نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشقا مەسئۇل قىلىپ ئىش تەقسىم قىلىشىپ تاماق ئېتىپ يېيىشەتتى. ئاشخانىنىڭ سىرتىدا، پەلەمپەيدىن ئۈچ قەدەم نېرىسىدىلا بىر قىرائەتخانا بار بولۇپ، ئۇ يەرگە كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن ئون نەچچە ئۈستەل قويۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدەك قىرائەتخانا يېرىدىن يەنە بىرقانچىسى ھەمدە كۆڭۈل ئېچىش يەرلىرى بار ئىدى. بىنادا يەنە بىر كۇتۇپخانا ۋە بىر “يېزىقچىلىق” بۆلۈمىمۇ بار ئىدى. ئۇ يەردە ئون نەچچە ئادەم قىزىققان ئىشلىرىنى قىلالايتتى. ئۇ يەردە ۋېنگر بىرسى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا، قاۋاقخانىلاردا سېتىش ئۈچۈن قەغەزدىن كارتۇشكا ياسايىتتى؛ يەنە بىر قېرى كىشى، دۇكاندارلارغا سېتىش ئۈچۈن گېزىتلەردىكى ئېلانلاردىن توي قىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئىسمىنى كۆچۈرۈپ ئولتۇراتتى.
بۇنىڭدەك ياتاق بىنالىرىدىن يەنە بىر قانچىسى بار بولۇپ، ياتاقلىرى يىغىۋېلىش ئورنىغا ئوخشاش پاكىزە ھەم رەتلىك ئىدى؛ بۇ يەردىكى بويتاقلار ئاساسەن يالغۇز يېتىشنى خالايدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياتىقى ئۇزۇنلۇقى يەتتى فۇت، كەڭلىكى بەش فۇت كېلىدىغان، ئارانلا تار بىر كارىۋات، كىچىك بىر ئۈستەل، بىر كىيىم ئاسقۇ، بىر تام ئەينەك، بىر كېچىلىك داس سىغىدىغان بەكلا تارچۇق بۆلۈملەر ئىدى. كارىۋاتتا ئۈچ پارچە كىرلىك، يۇڭ بىلەن توشتۇرۇلغان ياستۇق، ئىككى ئەدىيال بار ئىدى. كىرلىكلەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم يەڭگۈشلىنىپ تۇراتتى. بۇ يەر ھەرقانداق بىر تۆۋەن تەبىقە ئادىمى ئۈچۈن بەكلا ئالاھىدە يەر ھېسابلىناتتى. بۇ ئۆيلەرنى سۆرۈن چىراي تۈرمە ئۆيىمىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئۆيلەردە يېتەرلىك لامپۇچكا بولۇش بىلەنلا قالماي ھەر بىر بۆلۈمنىڭ ئايرىم دېرىزىسىمۇ بار ئىدى. ھەر قەۋىتىدە بىر مۇنچە قاچا يۇيۇش يېرى، پۇت يۇيۇش ئوقۇرى ۋە قول يۇيۇش بۆلۈملىرى قاتارلىق تازىلىق يەرلىرى بار؛ يەر ئاستى قەۋىتىدە ئون نەچچە دۇش ئالىدىغان مۇنچىسىمۇ بار ئىدى. بۇ بىنالاردا تىككۈچىلەر خانىسى، ساتىراشخانا، موزدۇزچىلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە كىر يۇيۇشخانىلارمۇ بار. ئۇندىن باشقا ساقلاش ئىشكاپلىرىمۇ تىزىلغان بولۇپ، ئۇلارنى نەرسە-كېرەك ساقلاش ئۈچۈن ئىجارىگە ئالغىلى  بولاتتى.
ئەمما بۇ ياتاق بىنالىرىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى بەكلا چىڭ ئىدى. بۇ ئورۇن خېرىدارلىرىدىن قائىدە-تۈزۈملەرگە قەتئىي بوي سۇنۇشى تەلەپ قىلىناتتى. يەنى كۈندۈزلىرى چوقۇم سىرتقا چىقىپ كېتىشلىرى؛ كۆڭۈل ئېچىش يېرىدە پەقەت دامكا، شاھمات ۋە قارت ئوينىشىغىلا رۇخسەت؛ ۋارقىراپ-جارقىراش ياكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلغۇچىلار مەيلى قاتتىق كۈلكە-چاقچاق قىلغان ياكى ۋارقىرىشىپ مۇنازىرە قىلىشقان بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنداقلار بۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىلاتتى؛ بۇ ئورۇندا ئۈزۈم شارابى ياكى پىۋا ئىچىشكە رۇخسەت (نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ يەر ۋيېننانىڭ بىر يېرى-دە!)، ئەمما كۈچلۈك ئىسپىرتلىق ھاراق ئىچىش قەتئىي مەنئى قىلىناتتى؛ ئاممىۋى مۈلۈكلەر قەتئىي ئاسرىلىشى كېرەك (كارىۋات ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ئۆرە تۇرۇشقا بولمايدۇ دېگەندەك). بۇ ئورۇندىكى خېرىدارلاردىن تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىدىغانلىرىنىڭ سانى بەكلا ئاز ئىدى؛ مۇتلەق كۆپ كىشىلەر تىرىشىپ ئۆز ئىشىنى قىلىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قايتىدىن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىشاتتى.
ئادولف ھىتلېر 1910-يىلىنىڭ غېنىۋار ئېيىدا بۇ بارىدىغان يېرى يوق يېتىمچىلار ئورنىغا كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ.44 ئۇ پۇلىنى تۆلىگەندىن كېيىن (كۈنلۈكى يېرىم كرونېن بولۇپ، ئەگەر ھەپتىلىكنى بىراقلا تۆلىسە تېخىمۇ ئەرزانغا توختايتتى)، دورىلىنىپ يۇيۇنۇپ كىچىك بىر بۆلۈمگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ (خېرىدارلارغا نىسبەتەن ئۈچىنچى قەۋەت ھېسابلىناتتى). گەرچە بۇ يەرنىڭ ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى يىغىۋېلىش ئورنىنىڭكىدىن ياخشى بولسىمۇ، بۇ يەردىكى ساخاۋەتخانىنىڭ كىشىلەرنى باشقۇرۇش ئىشلىرى ئۇ يەردىكىدەك ئۇنچىۋالا تەرتىپلىك بولمىغاچقا ھەممە كىشى ئۆزىنى خېلى ئەركىن ھېس قىلالايتتى.
بىر ھەپتىگە قالماي، ھانىشمۇ ماننېرھېيمغا كېلىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ خىزمەتچىلىك قىلىشى ھەپتىسىگە تۆت كۈن بولسىلا يېتەتتى. شۇڭا ئۇ قايتىدىن ھىتلېرغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ. ئۇنى “يېزىقچىلىق” بۆلۈمنىڭ دېرىزە تۈۋىدە بىر ئورۇنغا ئولتۇرغۇزىدۇ ــ ئەلۋەتتە رەسىم سىزىشقا لازىملىق ھەممە نەرسىسى تەل قىلىنغان ئىدى. ھىتلېر دەرھال تۇتۇش قىلىپ ئاتكرىتكا چوڭلۇقىدا بىر قانچە پارچە رەسىم سىزىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ رەسىم سىزىش سۈرئىتى ئاستا بولغىنى بىلەن بەكلا ئەستايىدىل سىزاتتى. ئۇ رەسىمىدە ئادەتتە ۋيېننا مەنزىرىلىرىنى رەسىمىگە تارتقاندەكلا ئوخشىتىپ سىزاتتى. سىزىلغان ئاتكرىتكىلارنى ھانىش دەرھال كۆڭۈل ئېچىش مەيدانلىرىدىكى قاۋاقخانىلاردا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ سېتىپ، كىرىمىنىڭ يېرىمىنى چۆنتىكىگە سالاتتى. ئەمما ئۇ، چوڭراق رەسىملەرنىڭ تېخىمۇ قىممەتىرەك بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇ، ھىتلېرغا مەخسۇس سۇ بوياق رەسىملىرىنى سىزدۇرىدۇ. رەسىملەر يەنىلا ۋيېننا مەنزىرىسى بولۇپ، كۈندە بىر پارچە سىزالايتتى. ئادەتتە بۇ رەسىملەرنىڭ چوڭلۇقى ئىككى پارچە ئاتكرىتكا چوڭلۇقىدا بولاتتى.
ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتمەيلا ئۇ ئىككىسى بىرلىشىپ تاپقان كىرىمى، شۇنىڭدەك ماننېرھېيمدىكى بىر قەدەر ياخشى تۇرمۇش شارائىتى بۇ ئىككى ياشنى زىمىستان سوغۇق ۋە يوقسۇزلۇق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن قالماي، ئاخشاملىرى ئاچ قورساق يېتىشتىنمۇ قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى. ھىتلېر پار-پۇر چىنە بىلەن بېزەلگەن دۇشتا پاك-پاكىز يۇيۇنۇۋالغىنى ئۈچۈن بەكلا خۇشال ئىدى. ئۇنىڭ ئاران بىر قۇرلا كىيىمى بولغاچقا، مۇنچىغا چۈشكەن ۋاقتىدا نەچچە كۈندە بىر پاكىز يۇيۇۋالاتتى. گەرچە ئۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاز-تولا پۇل كۆرگەندەك قىلغىنى بىلەن يەنىلا يېڭى كىيىم ئېلىشقا قۇربى يەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىم يەنىلا شۇ دورىلانغان كىيىملىرى ئىدى. يەنە كېلىپ چاچ-ساقىلىمۇ بەكلا ئۆسۈپ كەتكەچكە كۆرۈنۈشى بەكلا ئاۋارە ئىدى.
ھىتلېر، ئىسسىق ئۆيدە يېتىپ تويغۇدەك تاماق يېيىش شارائىتىغا ئېرىشكىنىدىن كېيىن قايتىدىن سىياسىي ئىشلارغا قىزىقىشقا باشلايدۇ. ئۇ “يېزىقچىلىق” ئۆيىنى پات-پاتلا مۇنازىرە قىلىش ۋە نۇتۇق سۆزلەش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇۋېتەتتى. بۇ بۆلۈم ماننېرھېيمنىڭ بىلىملىكلەر تەبىقىسىنىڭ يېرى، يەنى ئەدەبىياتقا، مۇزىكىغا ۋە سەنئەتكە نىسبەتەن ئاز-تولا قىزىقىشى بولغان كىشىلەرنىڭ يىغىلىدىغان يېرى بولۇپ، بۇ يەرگە توپلىشىدىغانلار ئادەتتە 15~20 دەك ئوتتۇرا مەكتەپ بىلىم سەۋىيىسىدىكى كىشىلەردىن تەشكىل تاپاتتى. “ئاق كۆڭۈل” ئىشچىلارمۇ بۇ يەرگە كىرىپ قالاتتى. ئادولف، بۇ كىشىلەرنىڭ باشلامچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ بۇ يەردە ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىكىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە بار نامراتلار كوچىسىدىكى كىشىلەرنىڭ غېمىنى قىلىپ قايناپ كېتەتتى. بۇ نۇتۇقلىرىنى (بەزىدە بۇ تۈر مۇنازىرىلەر ئېغىر تىللاش بىلەن بەسلىشىپ ھاقارەتلەشكىمۇ ئايلىنىپ كېتەتتى) بەزى ۋاقىتلاردا ئىش ۋاقتىدىمۇ سۆزلەپ كېتەتتى. ئەگەر بۇ بويتاقلار بىناسىنىڭ نېرىقى ئۇچىدا بىرەر سىياسىي مۇنازىرە باشلىنىپ كەتكەن بولسا، قىلىۋاتقان ئىشى بار بولسىمۇ بۇنداق جەڭ سادالىرىدىن نېرىدا تۇرۇشقا چىدىيالماي قالاتتى. شۇڭا ئۇ سىزىۋاتقان رەسىمىنى تاشلاپ، قولىدا سىزغۇچ-چوتكىلىرى بىلەن كېلىپ خۇددى بىر چەۋەندازدەك مۇنازىرە جېڭىگە كىرىشىپ قالاتتى. بۇنداق ۋاقىتلار ئەگەر ھانىش رەسىم سېتىپ قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلىپ قالغۇدەك بولسا، ئۇ دەرھال بېرىپ ھىتلېرغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئۇنى رەسىم سىزىش ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىۋالاتتى. شۇنىڭغا قارىماي، ھانىش يوقلا بولىدىكەن، ئادولف دەرھال ئۇنداق سورۇنلارغا بېرىپ قوشۇلۇۋېلىپ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ رەزىللىكلىرىنى پاش قىلىپ قايناپ كېتەتتى ياكى كارل لۇگېر ئىسىملىك يەھۇدىي دۈشمىنى بولغان خرىستىئان سوتسىيال پارتىيىسىنىڭ داھىيسىنى ماختاپ سۆزلەپ كېتەتتى. بۇ داھىيىڭ خەلق ئاممىسىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ھىتلېرغا قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە ھېينىك مۇنداق دەيدۇ: “ئۇ بىرلا ھاياجانلاندىمۇ-بولدى، ئۆزىنى زادىلا بېسىۋالالماي ۋارقىراپ-جارقىرىغىنىچە قوللىرىنى شىلتىپ سۆزلەپ كېتەتتى. ئەمما ئۇ ھاياجىنى بېسىلغىنىدا باشقىچىلا بىرىگە ئايلىنىپ، ئۆزىنى تۈتىۋالغان بەكلا ئېغىر بېسىق بىرسىگە ئايلىناتتى.”45
ئادولف سىياسەتكە بەكلا قىزىقاتتى. ئۇ پات-پات پارلامېنت بىناسىنىڭ “ئاۋام پالاتا” زالىغا بېرىۋېلىپ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ دىپوتاتلارنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاپ كېلەتتى. ئۇ يەردىكى ھەر تۈرلۈك مۇنازىرىلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ئۆزىنى يوقىتىپلا قوياتتى. دېگەندەك، پارلامېنتتىكى بۇ تۈر مۇنازىرىلەر شۇنداق قىزغىن مۇنازىرىلەرگە ئايلىنىپ كېتەتتىكى، بەزىدە ھەرقايسى ئۆز ئانا تىللىرىدا ۋارقىراپ جارقىرىشىپ بىر-بىرىنى ھاقارەتلىشىدىغان دەرىجىگىمۇ بېرىپ يېتەتتى. ئۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ ياتىقىغا قايتىپ كېلىپ، ھېلىقى “قىرائەتخانا” دا ئۆزى يالغۇز ۋارقىراپ نۇتۇق سۆزلەپ كېتەتتى. ئەسلىدە ئۇ يەردە مۇنازىرە قىلىشىدىغان كىشىلەر پان گېرمانىزم ئەقىدىسىدىكىلەرنىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ ئاتېئىزملىق قاراشلىرىغا قارشى تۇرۇشىنى ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەتكە قارشى تۇرۇپ بارلىق دۆلەت ھوقۇقىنى قولغا چۈشۈرمەكچى بۆلىشىنى ئەيىبلەيدىغان كىشىلەر توپىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
شۇنداقتىمۇ مەيلى شەخسى سۆھبەتلەردە ياكى بايىقىدەك شىددەتلىك مۇنازىرىلەردە بولسۇن، ھانىش ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى بىرەر ئېغىز گەپ قىلغىنىنى ئاڭلىمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، ھىتلېر ھەرگىز يەھۇدىيلارغا قارشى بىرى ئەمەس دەپ چىڭ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ، ھىتلېرنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئارتىسلىرى بىلەن ناخشا چولپانلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك يەھۇدىيلار ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەتتى. ھەتتا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، يەھۇدىيلارنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ يۈرۈشىدىن (بۇنداق ساخاۋەتچىلەردىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلاردىن بىرى دەل ھىتلېرنىڭ ئۆزى ئىدى) بەكلا تەسىرلىنىدىغانلىقىنى؛ يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىككە قارشى ھەرىكەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە قايىل، شۇنىڭدەك بىر قېتىمىدا ئۇ يەھۇدىي كاپىتالىستلىرىنى ھايانكەشلەر دېيىشنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىنى ئاڭلىغان. ھانىشنىڭ ئېسىدە قالغانلىرىنىلا ئېيتىدىغان بولساق، ھىتلېر پەقەت بىرلا قېتىم يەھۇدىيلارغا قارشى نۇتۇق سۆزلەپ باققانىكەن. ئۇ قېتىمدىمۇ يەنىلا يەھۇدىيلارغا بەك ئېغىر تەگمىگەن ئىكەن. يەنى، بىرى ئۇنىڭدىن بۇ دۆلەتتە يەھۇدىيلارنى نېمە ئۈچۈن يات كۆرىدۇ دەپ سوئال قويغىنىدا، ھىتلېر: ئۇلارنىڭ ئىرقى باشقا، باشقىچە پۇرايدىغانلىقى ئۈچۈن يات كۆرىدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى ئېسىدە قالغان.
ئادولفنىڭ ماننېرھېيم (بويتاقلار يۇرتى) دىكى ۋاقتىدا ئەڭ يېقىن تونۇشلىرىدىن ئىككىسى يەھۇدىي بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى روپونسېتون ئىسىملىك بىر كۆزلۈك ياغاچچى ئىدى. بۇ كىشى ھىتلېرغا دائىم ياردەم قىلىپ تۇراتتى؛ يەنە بىرى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى يىغىپ ساتىدىغان ۋېنگرىيەلىك بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى جوزېف نيۇمان ئىدى. بۇ كىشى ھىتلېرنىڭ بەكلا يېلىڭ يۈرۈپ كېتىشىدىن ئىچى ئاغرىپ ئۇنىڭغا بىر پەلتو سوغا قىلغان. ھىتلېر بۇنىڭ ئۈچۈن نيۇمانغا “چىن قەلبىدىن رەخمەت ئېيتقان”. ھەتتا ئۇنى “ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل ئادەم” دەپ ماختاپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن رەسىم سېتىشىپ بېرىۋاتقان ئۇلاردىن باشقا ئۈچ نەپەر يەھۇدىينىمۇ بەكلا ھۆرمەتلەيتتىكەن. ھانىشقا ئۇلارنىڭ گېپىنى قىلىپ بەرگىنىدە، “مەن يەنىلا يەھۇدىيلار بىلەن سودا قىلىشنى خالايمەن. چۈنكى ئۇلار تەۋەككۈل قىلىشتىن قورقمايدىغان ئادەملەر” دېگەن. بۇ چاغلاردا ھانىش يەنىلا ھىتلېرنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىپ يۈرگەن ۋاقىتلار ئىدى.
ھىتلېر ئۆزىمۇ «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتابىدا پەقەت ۋيېننادىلا يەھۇدىيلارنىڭ “تاش يۈرەك، نومۇسسىز، سەرلەپ-مىسقاللاپ زىغىرلايدىغان پاھىشە خوجايىنى” ئىكەنلىكىنى، مۇزىكا ۋە سەنئەت ساھەلىرىنىڭ ساپلا يەھۇدىيلارنىڭ تىزگىنىدە ئىكەنلىكىنى، ئەڭ مۇھىمى سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسىنىڭ گېزىتىنىمۇ “ساپلا يەھۇدىيلار تىزگىنىدە” ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدىن كېيىنلا، ئۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن ئۆلگۈچە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان بولۇپ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بۇنداق گەپلىرى چوقۇم كېيىنكى ۋاقىتلاردىلا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئېنىق. ئەينى ۋاقتىدا ئۇنىڭ يەھۇدىيلار ھەققىدىكى بىر تەرەپلىمە قارىشى ئادەتتىكى بىر ۋيېننالىقنىڭ قارىشىدىن تولا بەك پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ئاۋسترىيە پايتەختى ۋيېننادا بارلىق دىنىي كىشىلەر دېگۈدەك يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدى. ۋيېننادا كىشىلەر تەشكىللىك ھالدا يەھۇدىيلارغا قارشى ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدىغان بروشۇرلارنى تارقىتىپ يۈرىشەتتى، چوڭ-كىچىك كىتاب بوتكىلىرىدا ئەنە شۇنداق قىممىتى يوق كىتاب-ژۇرناللارنى ئاچكۆزلۈك بىلەن ئوقۇيدىغان ياش ۋاقىتلاردىكى ھىتلېرغا ئوخشايدىغان بىر قىسىم كىتابخانلار تېپىلىپ تۇراتتى.
پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ھىتلېر دائىم دېگۈدەك «شەرق ئارا يۇلتۇزى» دېگەن ژۇرنالنى ئوقۇپ تۇراتتىكەن. بۇ ژۇرنال لىنزدىكى لانز ۋون ليېبېنفېلس تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىر ژۇرنال بولۇپ، بۇ كىشى سېھىرلىك بىر نەزەرىيىچى ئىدى. ئۇنىڭ نەزەرىيىلىرى بىلەن قاراشلىرى ھىتلېرنىڭ قاراشلىرىغا نۇرغۇن جەھەتتە ئوخشاپ كېتەتتى. بۇ ژۇرنال ئىلاھىيەتشۇناسلىق بىلەن شەھۋەتپەرەسلىكنىڭ داشقاينىقى بولۇپ، نەشرىياتچىلىق پىرىنسىپى “ئىرق تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىرق ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئەلا سۈپىتىنى ساقلاپ، ئۇنىڭ بۇلغىنىپ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش” ئىدى. بۇ ژۇرنالنىڭ ئىگىسى بولغان ليېبېنفېلس تىنماي چالۋاقاپ ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئاساسىي تېمىسى “نېگىرلار بىلەن مەرەز، شالغۇت ئىرقلارنى تازىلاش ئارقىلىق ئارىيانلارنى دۇنياغا ھۆكۈمران ھالغا كەلتۈرۈش” ئىدى.46 ئۇ قارا تەنلىك ۋە شالغۇت ئىرقلارنى ناچار ئىرققا مەنسۇپ دەپ قارىلايتتى. ئەمما «شەرق ئارا يۇلتۇزى» ژۇرنىلىدا بولسا ئارىيان ئاياللىرى بۇ تۈردىكى پۈتۈن ۋۇجۇدىنى يۇڭ قاپلاپ كەتكەن گورېللا ۋە شىمپەنزە قاتارىدىكى ئورانگۇتان مايمۇنىغا ئوخشايدىغان نەرسىلەر تەرىپىدىن  جەلپ قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ جىنسىي جەھەتتىكى قابىلىيىتىنىڭ قىزىقتۇرۇشىغا باش ئېگىپ كەتكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەر بىلەن تولۇپ تاشاتتى (فرېئۇد، ۋيېننادا بۇنداق بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىدىدىن خەۋەر تاپسا ئىدى، ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ جېنى چىققىدەك تىرىكىپ كېتىشى تۇرغان گەپ. فرېئۇد، بۇنداق يەھۇدىي دۈشمەنلىكىنىڭ كەينىدە ’نەرسىسىنى كېسىپ تاشلاش قورقۇنچى يوشۇرۇنغان بۆلىشى ئېنىق‘ دېگەن پسىخوئانالىزدا بولار ئىدى. چۈنكى، يەھۇدىيلار سۈننەت قىلدۇرۇش ئادىتى بار خەلق — ئا. ھ. ئى). بۇ ژۇرنال ئىرق ئەۋزەللىكىنى داۋراڭ قىلىش بىلەن بىرگە، مەلۇم دەرىجىدە ئۈركەكلىكنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. بۇنى ئۇلارنىڭ قويغان تېمىسىغا قاراپلا ئوچۇق كۆرىۋېلىش مۇمكىن:
سەن سېرىق چاچ، كۆك كۆز، ئاق تەنلىك بىرىمۇسەن؟ ئۇنداقتا، سەن مەدەنىيەت ياراتقۇچى، مەدەنىيەت ياراتقۇچىلارنىڭ ھىمايىچىسىدىن بىرى ھېسابلىنىسەن! سەن سېرىق چاچ، كۆك كۆز، ئاق تەنلىكمۇسەن؟ ئۇنداقتا، خەۋپ-خەتەرنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالغان بىرى سەن!
«شەرق ئارا يۇلتۇزى» ژۇرنىلى مۇشتېرىلىرى ئارىسىدا يەھۇدىيلىققا قارشى پۈتمەس-تۈگىمەس ئىپتىدائىي قورقۇتۇشنى تەرغىب قىلاتتى — يەھۇدىيلار پۈتۈن پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى تىزگىنىگە ئېلىۋالغانلار، سەنئەت، تىياتىر ساھەلىرىدە كۈچلۈك ئورۇن ئېلىۋالغان، خوتۇن-قىزلارنى ئۆزىگە تارتىشنىڭ سېھىرلىك كۈچىگە ئىگە دېگەندەك گەپلەرنى ھەدەپ تەرغىب قىلاتتى. بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان سېرىق چاچلىق، كۆك كۆزلۈك قىزنىڭ بىر نېگىرنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋالغانلىق شەھۋانىي رەسىملەر ئادولفنى چوقۇم غەزەپلەندۈرۈپ قۇيقا چاچلىرىنى تىك تۇرغۇزۇۋەتكەن بۆلىشى كېرەك! ئەمما شۇ كۈنلەرگىچە ھىتلېرنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىياللىرى تېخى ئەمەلىي چۈشەنچە ھالغا، تېخى مۇھىم غايە ھالىغا كەلمىگەچكە، يېڭىچە قاراش، يېڭى تېمىلار ئىچىگە پېتىپ قېلىپ يەھۇدىي دۈشمەنلىك قاراشلىرىغا چولىسى تەگمىگەن ئىدى.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ، خانفىستايىنگىل خانىمغا “مېنىڭ يەھۇدىي دۈشمەنلىكىم، ئەسلىدە مېنىڭ شەخسى ئىشىم” دېگەن؛ سىڭلىسى پاۋلاغىمۇ “رەسساملىق جەھەتتە مەغلۇپ بولۇشۇمدىكى ئاساسى سەۋەب، سەنئەت ئەسەرلىرىنى سېتىش ئىشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يەھۇدىيلار ئىلىكىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى” دېگەن. ھىتلېرنىڭ ئۆزى دېگىنىدەك، ئۇنىڭ يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشى ھەقىقەتەنمۇ شەخسى ئىشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان دېيىش مۇمكىن. بىز بۇ ھەقتە پەقەتلا بىر قىسىم پەرەزلەرنىلا قىلالىشىمىز مۇمكىن. يەنى ئۇنىڭ، يەھۇدىي دۈشمەنلىكىم مېنىڭ شەخسى ئىشىم دېيىشىدىكى مەقسەت، مەلۇم بىر سەنئەت ئەسەرلىرى ئېلىپ-ساتارىنى ياكى قايسى بىر گۆرۈخانا خوجايىنىنى؛ سەنئەت  ئىنستىتۇتىدىكى قايسى بىر ئەمەلدارنى؛ ياكى بولمىسا بۇ تۈر كىشىلەر ئىپادىلىگەن ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى؛ ھەتتا ئۇنىڭ چوڭقۇر قەلبىگە يوشۇرۇنغان قايسى بىر ئىشنى كۆزدە تۇتقان بۆلىشىمۇ مۇمكىن: بەلكىم دوختۇر بلوكقا قارىتا قانداقتۇر بىر ئۆچمەنلىك شەكىللىنىشكە باشلىغانلىدىنمۇ بۇنداق قاراشقا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان بولۇشىنىمۇ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاپىسى كلارا ئۆلۈپ كېيىنكى يىلى ئۇ دوختۇرغا رەخمەت ئېيتىپ ئەۋەتكەن يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش ئاتكرىتكىسىدا “سىزنىڭ ئاپامغا قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن” دەپ يازغانلىقىدىن قارىغاندا ئۇنىڭغا قارىتا بۇنداق بىر ئۆچمەنلىكنىڭ شەكىللىنىش ئېھتىمالىنى يوق دېيىشكىمۇ بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئادەتتە يېقىنلىرى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكىنىدە گۇناھنى دوختۇرغا ئارتىپ قويىدىغان ئۆچمەنلىكلەر كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. بۇنى ئاز دەپ بۇ داۋالاشقا بىر يەھۇدىي دوختۇر چېتىلىپ قالغان، شۇنىڭدەك ئۇ دوختۇرنىڭ داۋالاش ئۇسۇلىمۇ ھەممە قوبۇل قىلىپ كېتەلمىگەن تېخى تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان خەتەرلىك بىر داۋالاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، بۇنداق ئۆچمەنلىكنىمۇ يوق دېيىشكە بولمايدۇ (كېيىنكى يىللاردا ئۇ دوختۇر، كلارانىڭ داۋالىنىشى ئۈستىدە توختالغىنىدا داۋالاش تەسىرى ئېنىق بولمىغان يودىد فروم بىلەن داۋالاش ھەققىدە يوشۇرۇپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان).
ھىتلېرنىڭ ۋيېننادىكى تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدا، بىر دوستىغا يازغان خېتىدە بۇنداق يوشۇرۇن جىسمانىي ئازابلىنىش تەسىرىنى پەيدا قىلىشلارغا دارىتمىلاپ تۇرۇپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەشلىرىدىنمۇ (“ئاق خالات كەيگەنلەرنى كۆرسەملا يىرگىنىپ كېتىمەن”) ئۇنىڭ دوختۇرغا ئۆچ ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش مۇمكىن. ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرغىنىدىمۇ بۇ خاراكتىرىنى ئىپادىلەپ قالاتتى:
“… مەيدەمنىڭ ئېچىشىپ ئاغرىشى زەردەم قايناپ قالغانلىقىدىن بولغان ئىش بولۇپ، بۇنداق ۋاقىتلاردا مەن يەڭگىل تاماقلارنى يېيىش (مەسىلەن مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارىدىكى) ئارقىلىقلا ئوڭشىلىپ كېتەلەيتتىم. بۇنچىلىك ئىشلارغىمۇ دوختۇرغا يۈگۈرۈش ھاجەتسىز. چۈنكى دوختۇر دېگەننىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك ئەقلى يوق كالۋا نەرسىلەر. مېنىڭچە، مېنى نېرۋا سىستېمىسىدا كاشىلىسى بار دېگىنىنىڭ ئۆزىلا ئۇچىغا چىققان دۆتلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭ ئاشقازىنىمدىن باشقا يەرلىرىم پۈتۈنلەي ساق. نېمىلا بولسا بولسۇن، مەن قايتىدىن قولۇمغا چوتكامنى ئېلىپ رەسىم سىزىشقا كىرىشىپ كېتەلىدىم. گەرچە ماي بوياق رەسىم ماڭا بەكلا تەس بىلىنگەندەك قىلسىمۇ رەسىم سىزالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى يەنىلا چەكسىز بەخىتلىك ھېس قىلاتتىم.47 ... ساڭىمۇ مەلۇم، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بەكلا ئاشۇرۇۋەتكەن ئىدى، مەن سەنئەت ئىنستىتۇتقا رەسىم ئۆگىنىش ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدى دەپ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىم، ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەكلا چوڭ يوقىتىش ھېسابلىناتتى. بەلكىم تەقدىرىم مېنى باشقا ئىشلارغا ساقلاۋاتقان بولسا كېرەك؟” (بۇ خەت، شۇنىڭدەك بۇ كىتابىمدا ئۇچرايدىغان ھىتلېرغا مۇناسىۋەتلىك بەزى خەت-چەكلەر بىلەن باشقا بىر قىسىم ھۆججەتلەر ۋيېننادىكى دوختۇر جوھاننېس ۋون مۈللېرن-شۆنخاۋسېننىڭ شەخسى ئارخىپىدىن ئېلىنغان بولۇپ، راست-يالغانلىقى ئىسپاتلانمىغان. ئۇ دوختۇر بۇ ماتېرىياللارغا “HBH خۇسۇسى ئارخىپى” دەپ ئات قويۇپ ساقلىغان — ئا. ھ. ئى)
1910-يىلى باھار ئايلىرىدا، ھىتلېر سىياسىيغا ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتكە ئالاھىدە قىزىقىدىغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ ئەمدى ھانىشنىڭ بۇيرۇتمىلىرىنى سىزىپ پۈتتۈرۈشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىغۇدەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدى. دوستى ئۇنى ئەيىبلىگىنىدە، بۇندىن كېيىن ئىشىمنى چوقۇم تىرىشىپ ئورۇندايمەن دەپ ۋەدە قىلىدۇ-يۇ، ھانىش سىرتقا چىقىشى ھامان دەرھال قولىغا ھەر تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللارنى ئېلىۋېلىپ ئوقۇشقا كىرىشىپ كېتەتتى. گەرچە ئۇ رەسىم سىزىش ئىشىنى باشلىۋالغان بولسىمۇ قايسى بىر مەسىلە ئۈستىدىكى مۇنازىرىلەر يەنىلا ئۇنى جەلپ قىلىۋېلىپ، قىلچە خۇشياقمايدىغان ئۇ رەسىملەرنى جىم ئولتۇرۇپ سىزىشقا پەقەتلا كۆڭلى بارمايتتى. ئاخىرى ئۇ ھانىشنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىشىدىن زېرىكىپ، ياز ئايلىرى كىرىشى بىلەن تەڭ يەنە بىر يەھۇدىي دوستى، يەنى ۋېنگر دوستى نيۇمان بىلەن بىرلىشىپ ئۇ ياتاقتىن چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ ئىككىسى بۇرۇنلاردا گېرمانىيەگە بېرىپ تۇرۇپ قېلىش توغرىلىق كۆپ پىلان تۈزۈشكەن ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئىككىسى بىرلىكتە ئۆز غايىلىرىنى دەپ يولغا چىقىدۇ. ئەمما ۋيېننادىكى ئۇ ئاجايىپ مەنزىرىلەر، بولۇپمۇ ئادولف بەكلا ياخشى كۆرىدىغان مۇزېيغا بولغان قىزىقىشى ئۇنىڭ سەپەرگە ئاتلىنىشىنى توسۇپ تۇرۇۋالىدۇ. شۇڭا ئۇ ۋيېننادىن بىر قەدەممۇ  ئايرىلالماي، بەش كۈندەك كۆڭۈل ئېچىپ ئويناپ يۈرىدۇ. ئاخىرىدا، يېنىدا بىر تىيىنمۇ پۇلى قالماي، 26-ئىيۇن كۈنى ئىلاجسىز ماننېرھېيمغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ قىسقىغىنە ئەركىن ئايلىنىپ يۈرگىنى ئۇنى خېلىلا ئارام ئالدۇرغان ئىدى. شۇڭا ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن زېھنىنى قويۇپ رەسىم سىزىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ تاپقان پۇلى ئارانلا بىر ھەپتىلىك خەجلەشكە يېتەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ھانىش بىلەن بۇزۇلۇشۇپ قايتىدىن ئۆز بېشىغا يالغۇز قالىدۇ.

شۇ يىلى كۈزدە، ھىتلېر سەنئەت ئىنستىتۇتىغا كىرىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئىمتىھان بېرىپ باقىدۇ. ئۇ لىق بىر سومكا رەسىمنى كۆتۈرۈپ خوف مۇزېيىدىكى پروفېسسور رىتشېلنىڭ ئىشخانىسىغا بارىدۇ. پروفېسسور رىتشېل ھەر تۈرلۈك رەسىملەرنى ساقلاش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ھىتلېر ئۇنىڭدىن سەنئەت ئىنستىتۇتىغا كىرگۈزۈپ قويۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ يالۋۇرۇپ باقىدۇ. گەرچە بۇ پروفېسسور ھىتلېرنىڭ سىزغان رەسىملىرىنى بىناكارلىق نۇقتىسىدا ئىنتايىن ياخشى سىزىلغان رەسىملەر ئىكەن دەپ باھالىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ رەسىملىرى پروفېسسورنى ئازراقمۇ قىزىقتۇرالمايدۇ. ئادولف يەنە بىر قېتىم روھى چۈشكەن ھالدا ماننېرھېيمغا قايتىپ كېلىپ قىرائەتخانا بۆلۈمىدە داۋاملىق رەسىم سىزىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئەمما ھانىشتىن ئايرىلغىنىدىن كېيىن سىزغان رەسىملىرىنى زادىلا ساتالمايدۇ. يېنىدا پۇلىمۇ قالمىغان، ئامال يوق ھاممىسى جوھانناغا يالۋۇرماقچى بولۇپ خەت يېزىپ بېقىپ بولماي، ئاخىرى ئۇنىڭ يېنىغا، يەنى سپىتالغا بارىدىغان بولىدۇ. نەچچە يىل ئاۋۋال، ئۇ ئىككىسى قاتتىق ئۇرۇشۇپ قىلىپ كېلىشەلمەي ئايرىلغان ئىدى. مانا ئەمدى، ئۇ ئايال بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلاپ قالغان ئەھۋالدا بولۇپ، بۇرۇن ھىتلېرغا شۇنچە قوپاللىق قىلغانلىقىدىن كۆڭلى قاتتىق يېرىم ئىدى. 1-دېكابىر كۈنى يىغقان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى بانكىدىن ئېلىۋالىدۇ. بۇ پۇلى خېلىلا جىق پۇل ئىدى. يەنى ئۇنىڭ تېجىگەن پۇلى 3800 كرونېن بولۇپ، بۇ پۇلنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى بۇ جىيەن بالىسىغا بېرىۋېتىدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 1911-يىلىنىڭ باشلىرىدا ۋەسىيەتمۇ قالدۇرالماي بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. ئانگېلا راۋبال، ھاممىسىنىڭ مىراسىدىن ھىتلېر ئەڭ كۆپ ھەسسىگە ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ئادولفقا بېرىلىۋاتقان يېتىملەر ياردەم پۇلىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بۆلىشىنى تەلەپ قىلىپ دەرھال لىنز سوتىغا ئەرز قىلىدۇ. ئانگېلانىڭ بۇ تەلىپى ھەقىقەتەنمۇ ئورۇنلۇق بىر تەلەپ ئىدى.48 چۈنكى ئۇ، يېڭىدىن تۇل قالغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ بالىسى بىلەن بىرگە يەنە سىڭلىسى پاۋلانىمۇ بېقىشى كېرەك ئىدى. ھىتلېر، ئائىلە بېسىمى سەۋەبىدىنمۇ ياكى نومۇس قىلغانلىقىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، نەچچە يىلدىن بېرى تۇرمۇشىغا ياردەمچى كىرىم بولۇپ كېلىۋاتقان ئايلىق 25 كرونېنلىق ياردەم پۇلىدىن ۋاز كېچىپ ئۇنى ھەدىسىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە رازى بولىدۇ. بۇ ئىش ئۈچۈن ئۆزى بىۋاسىتە لىنزغا بېرىپ يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە كىرىپ، “بۇندىن كېيىن ئۆزۈمنى ئۆزۈم بېقىپ كېتەلەيمەن، شۇڭا بارلىق يېتىملەر ياردەم پۇلىنىڭ سىڭلىمغا مەنسۇپ بۆلىشىنى ماقۇل كۆردۈم” دەپ بايانات بېرىدۇ. سوت مەھكىمىسى دەرھال مايرخوفېر ئەپەندىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئادولفقا تەۋە ياردەم پۇلىنىڭ پاۋلاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، بالىلارغا مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ كىشىمۇ ھىتلېردىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ئۇ خەتتە ھىتلېر بۇندىن كېيىن ئۆزىگە بېرىلىۋاتقان يېتىملەر ياردەم پۇلىغا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن (شۇ چاغدا، مايرخوفېرمۇ قىزى بىلەن پاراڭلىرىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ كېلىپ، بۇ ئىشتا ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ مەرتلىك قىلدى دېگەن — ئا. ھ. ئى) ئىدى. گەرچە ھىتلېرنىڭ بۇ ياردەم پۇلى بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشاۋاتقان تۇرمۇشىنى ماننېرھېيم بويتاقلار ياتىقىدا يېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھېچ قايسىسى خىيالىغا كەلتۈرەلمەيتتى. شۇنىڭدەك يەنە، ھىتلېر مۇنچە پۇللۇق بولۇپ تۇرۇغلۇقمۇ يەنىلا بۇرۇنقى تۇرمۇش ئادىتىنى بۇزماي ياشاۋېرىدۇ. ئۇ يەنىلا ئۆزى تاماق ئېتىپ يەيتتى، ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىمۇ يەنىلا شۇ بۇرۇنقى كونا كىيىملەر ئىدى. شۇڭا ئۇ، ياتاق باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن پات-پاتلا رەنجىشىپ يۈرەتتى. ھىتلېر، ھاممىسىدىن مىراس ئالغان شۇنچە كۆپ پۇلنى تىياتىرخانىلاردا خەجلەپ تۈگىتىۋەتتىمۇ قانداق، بۇ ھەقتە قىلچە مەلۇمات يوق. ياكى ئۇ سەپداشلىرى بىلەن بىرگە تۈزۈشكەن پىلانلىرى ئۈچۈن خەجلىۋەتكەنمۇ ئۇنىسىمۇ نامەلۇم. ئەسلىدە، بۇ بويتاقلار ياتىقى تەۋەسىدە ياتقانلار ئارىسىدا قانۇنلۇق-قانۇنسىز ياكى پۈتۈنلەي يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھادىسىلەر بەكلا كۆپ ئىدى. بەلكىم بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك ئەخمىقانىلىك بىلەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا داۋراڭ قىلىپ پۇللىرىنى پۈتۈنلەي خەققە تارتتۇرۇپ قويغان بۆلىشىمۇ مۇمكىن. يەنە بىر ئېھتىمال، پۇلىنى بىر يەرلەرگە يوشۇرۇپ قويۇپ ئاز-ئازدىن خەجلەپ يۈرگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ھىتلېر، رەسسام بولىمەن دەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا ھەر دائىم شۇنداق قىلاتتىكەن.
ئادولف ئۆز كۈنىنى ئالالىغىدەك شارائىتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ھېلىقى تارچۇق ئۆيىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ھېرىپ چارچاشقا قارىماي رەسىم سىزىش بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. ھىتلېردا رەسمىي بىر سەنئەتكارلىق قىياپىتى نامايان بولۇپ تۇرغاچقا، ھەمراھلىرىمۇ ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇپ ئۆزگەرمەكتە ئىدى. ئۇ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە بەكلا ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇ ھەر دائىم ئىشچىلارغا ياردەم قىلىپ ياكى ئۇلارغا مەسلىھەتلەر بېرىپ تۇراتتى. ئەمما ئۇ خەقنىڭ چىشىغا تېگىدىغان ئىشلاردىن قېچىپ، كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىدۇ. شۇنداقتىمۇ گەپ سىياسىي ئىشلارغا بېرىپ تاقالدىمۇ-بولدى، دەرھال ھاياجانلىنىپ چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كېتىشىگىمۇ پەرۋا قىلماي باش-قوللىرىنى ئويناتقىنىچە ۋارقىراپ-جارقىراپ سۆزلەپ كېتەتتى. ئۇ ھەر دائىم شۇنداق سۆزلەپ يۈرگەچكىمۇ، ياتاقتىكىلەر ئۇنىڭدىن ئاستا-ئاستا قاچىدىغان بولىۋالىدۇ. بىر كۈنى، ئادولف ئاشخانىدا تاماق قىلىۋاتقىنىدا ئىككى ھاممال ئىشچىنى رەنجىتىپ قويىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئىككى ئىشچى سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسى ئىشچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىدى. ھىتلېر ئۇلارنى دۆت، ئەخمەقلەر دەپ قاتتىق ھاقارەتلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق  ئاغزىنى بۇزۇپ سۆزلىشى بەكلا ئېغىر بەدەل تۆلىتىدۇ: بېشىدا تاياقتىن بىر مونەك ئىششىپ چىقىدۇ. رەسىم سىزىشقا كېرەكلىك قولىمۇ يارىلىنىپ يۈز-كۆزى ئىششىپ كۆكىرىپ، بۇرنىمۇ يېرىلىپ كېتىدۇ.
كۇبىزېك بىلەن ھانىشتىن ئايرىلغاندىن كېيىن تونۇشقان بىر دوستى ھىتلېرنى ئاگاھلاندۇرغان ھالدا، “بۇ تاياق ساڭا دورا ئىدى. سەن پەقەتلا نەسىھەت كار قىلماس بىرى ئىكەنسەن، بۇنداق كېتىۋەرسەڭ ساڭا ھېچكىم يانتاياق بولالمايدۇ” دەيدۇ. بىر قانچە ئاي ئىلگىرى باش كۆتۈرمەي بىر چېركاۋ رەسىمىنى سىزىۋاتقىنىدا، جوزېف گرېينېرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇ ئاجايىپ خىيالپەرەس بىر يىگىت ئىدى. ھىتلېر بىلەن پات-پاتلا سائەتلەپ مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ئۇلار ئىككىسى بەكلا كەڭ دائىرىلەر بويىچە سۆھبەتلىشىپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ئىقتىساد، دىن، ھەتتا ئاسترونومىيىدىن تارتىپ دىنىي ئۇلېمالارغىچە كېڭىيىپ كېتەتتى. ئۇ ئىككىسى ئولتۇرۇپ ئادەملەرنىڭ بەكلا ئاسان ئالدىنىپ يۈرۈشىنىڭ سەۋەبلىرىنىمۇ تەپسىلى مۇھاكىمە قىلىپ كېتىشەتتى. مەسىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پاراڭلىرىدىن بىرى گېزىتتە ئېلان بېرىلگەن بىر رېكلام ئۈستىدە بولىدۇ. بۇ ئېلاندا يەرگە سۆرۈلگىدەك ئۇزۇن چاچلىق بىر قىزنىڭ رەسىمى بېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا “بۇ قىزنىڭ ئىسمى ئەرنا چىللاگ، ئۇنىڭ خۇددى دوناي دەرياسىدەك ئۇزۇن سوزۇلۇپ تاپىنىغىچە چۈشىدىغان سۇمبۇل چاچلىرى بار.49 بۇ گۈزەل چاچ قانداقلارچە شۇنچە ئۇزۇرۇپ كەتكەنلىكىگە قىزىقامسىز؟ بۇ چاچ، مەن كەشىپ قىلغان بىر خىل چاچ مېيى قوللىنىپ بۇ ھالغا كەلگەن. ئەگەر بۇنداق بىر چاچقا ئېرىشىشنى خالايدىغانلار بولسا ئېلاندىكى بۇ قىزغا خەت يېزىڭلار. سىلەرگە ھەقسىز چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى بىلەن بىر رەخمەت خېتىمۇ ئەۋەتىدۇ” دېگەنلەر يېزىلغان ئىدى.
“مانا بۇ، مەن دېمەكچى بولغان رېكلام. — دەيدۇ ھىتلېر، گرېينېرنىڭ دېيىشىچە، — تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ دۇنيادا بۇنداق يالغان گەپلەرگە ئىشىنىدىغانلار بارلا بولىدىكەن چوقۇم تەشۋىقاتتىن زېرىكمەسلىك كېرەك دەيدۇ.” ئۇ بۇ ھەقتە ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا توختىلىپ كېلىپ، تەشۋىقات دېگەن بۇ نەرسە، ئادەمنىڭ كاللىسىدىكى گۇمانلىنىشلارنى ئالا قويماي سۈپۈرۈپ تاشلاپ سادىق ئىشەنگۈچىلەردىن بىرى ھالىغا كەلتۈرەلەيدىكەن، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مەنمۇ ئەڭ غەلىتە نەرسىنى، مەسىلەن ئەينەكنى ئۇرسىمۇ چېقىلماس قىلىۋېتىدىغان مەلھەم كەشىپ قىلدىم دەپ نۇرغۇن خېرىدار تاپالىشىم مۇمكىن دەيدۇ. “تەشۋىقات قىلىش كېرەك. پەقەت تەشۋىقاتنىلا مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. چۈنكى پۈتۈن ئاخماقلار تەشۋىقاتقا ئىشىنىدۇ.”

1911-يىلىنىڭ قالغان قىسمى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىلى ھىتلېر ئۆزىنى بىر قەدەر تۈتىۋالغان ئېغىر بېسىق بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. ئۇ ئەمدى باشقىلار بىلەن قىلچە ئەھمىيىتى بولمىغان تۈگىمەس تالاش-تارتىشلارغا ئالدىراپ كىرىشمەيدىغان، ئۇنىڭ ئورنىغا رەسىم سىزىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ رەسىم سىزىش سەۋىيىسىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈپ بارماقتا ئىدى. مەسىلەن، ئۇنىڭ سىزغان «ۋيېننا مىنورىتې چېركاۋى» دېگەن سۇ بوياق رەسىمى ھەقىقەتەنمۇ ھەممە تەرەپتىن ماختاشقا ئەرزىگۈدەك بىر رەسىم بولۇپ، بىر ھېسابتا ئۇنى رەسمىي فوتوگراف رەسىمى دېيىشكىمۇ بولاتتى. تېخنىكا نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۇنىڭ بۇ رەسىمىنى مەخسۇس كەسىپ ئەھلىنىڭ قولىدىن چىققان رەسىم دېيىشكىلا بولاتتى. ئۇ رەسىم ھەقىقەتەنمۇ قالتىس سىزىلغان ئىدى. ئەمما بۇ رەسىمنى سىزغان ئادەم ھېچقاچان رەسمىي رەسساملىق تەلىمى كۆرمىگەن ئاددىي بىر ياش ئىدى. بىنا رەسىملىرىنى سىزىشتا ھىتلېرنى ھەقىقەتەنمۇ تالانتق دېيىشكە بولاتتى. ئەمما ئادەم رەسىمىنى، ئادەمنى پەقەتلا كېلىشتۈرەلمەي نىسبىتىنىمۇ بۇزۇۋېتەتتى. ئۇنىڭ بىر مۇنچە رەسىمىنى سەنئەت قىممىتى بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ يەنىلا چىرايلىق دېيىشكە بولاتتى. سىزغان رەسىملىرىدىن قارايدىغان بولساق، ھىتلېردا ھەقىقەتەنمۇ رەسساملىق قابىلىيىتىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما كەسپى تەربىيىلىنىشىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش مۇمكىن. قىسقىسى، ھىتلېرنى بىر سەنئەتكار دېگەندىن كۆرە ئۇنى ئۇستا بىر تېخنىك دەپ قاراشقا بولاتتى. يەنى ئۇنى بىر رەسسامغا ئەمەس بەلكى بىر بىناكارغا ئوخشىتىش مۇمكىن ئىدى. ئەگەر رەسىم ئۈستىگە بىرەر ئادەم رەسىمى قويۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭ قابىلىيىتى پەقەتلا كارغا كەلمەي قالاتتى. 1912-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ قېرىنداشتا سىزغان رەسىملىرىمۇ خېلىلا ياخشىلانغان، سۇ بوياق رەسىم سەۋىيىسىمۇ خېلىلا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ماي بوياق رەسىملىرى ئەڭ ياخشى سەۋىيىدە دېيىشكە بولاتتى.
ئۇ تىنماي سىزاتتى. سىزغان رەسىملىرى جاكوب ئالتېنبېرگ ۋە باشقا رەسىم سودىگەرلىرى تەرىپىدىن سېتىلىپ تۇراتتى. ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ رەسساملىق جەھەتتىكى قابىلىيىتىنى ماختاپ يۈرۈشكىمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. ھەمراھلىرى ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلىۋېلىپ سىزغان رەسىملىرىنى ماختىشىپ كېتەتتى. ھىتلېر بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇلارغا كىچىك پىيىللىق بىلەن، مەن بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن، مەن تېخى رەسساملىق ساۋاتىنى تولۇق ئىگىلىگىنىم يوق دەيتتى. ئۇنىڭ ئويىچە، ئۇنىڭدىكى ئەسلى تالانت، بىناكارلىقتا يوشۇرۇنغان ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ بىر يېقىنىغا، مەن رەسىمنى پۇل ئۈچۈنلا سىزىپ يۈردۈم، ئەسلىدە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رەسىمىم بىر نەچچە پارچە بىنا كۆرۈنۈشىنى ئاساس قىلىپ سىزغان رەسىملەر دېگەن. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى سەل ياخشىلىنىپ قالغاندىن كېيىن تاشقى قىياپىتىدىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ: كىيىم-كىچىكى بەكلا كونا بولغىنى بىلەن بۇرۇنقىسىدىن كۆپ پاكىز، رەتلىك ئىدى. ساقىلىنىمۇ چۈشۈرتىۋىتىدۇ. ئەمدى ئۇ كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگىمۇ ئېرىشكەن، بويتاقلار ياتىقىنىڭ مەسئۇلىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ تۇرىدىغان بولىدۇ. “بۇنداق شەرەپكە ياتاقتا ياتىدىغانلار ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيتتى.” ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىمۇ كۆپ ئۆزگەرگەن ئىدى. گەرچە ئۇ يەنىلا تىنماي سىياسىي مۇنازىرە قىلىپ تۇرسىمۇ، بۇ جەھەتتە مۇھىم بىر تەجرىبە-ساۋاققا ئېرىشكەن ئىدى: “مەن ئۇ يەردە كىشىلەر ھەر قانچە سەۋىيىسىز گەپ قىلىشسىمۇ ئاز گەپ قىلىپ كۆپرەك ئاڭلاپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئۆگىنىۋالدىم” دەيدۇ. ئۇ، ئۆزىگە دۈشمەن كۆپەيتىۋېلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.
ھىتلېرنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئولتۇرغان ئورنىنىڭ ھېچ كىم تەرىپىدىن ئىگىلەنمەيدىغان ھالغا كېلىشىدىنلا  كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىدى. ھىتلېرغا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇنىڭ دېرىزە تۈۋىدىكى ئورنىغا ھېچ كىم يېقىن يولىمايتتى.50 ئەگەر يېڭىدىن كەلگەنلەردىن بىرەرى بۇ ئورۇنغا ئولتۇرماقچى بولغىنىدا، چوقۇم بىرى كېلىپ “ئۇ ئورۇننىڭ ئىگىسى بار، بۇ ئورۇن ھىتلېر ئەپەندىگە تەۋە” دەپ جېكىلەپ قوياتتى. يېڭى كىرگەنلەردىن كارل خونىش ئىسىملىك بىرى ھىتلېرنىڭ ھېچ كىمگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى تىزلا سېزىۋالىدۇ. “ئۇ كۈنلەردە، بىز ھەممىمىز ھېچ نېمىنى چۈشەنمەي كۈن ئۆتكۈزۈپ يۈرەتتۇق. … ئارىمىزدا پەقەت ھىتلېرلا ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى ئېنىق كۆرەلەيدىغان ئادەم ئىدى” دەيدۇ. ھىتلېر بۇ يېڭى مېھمانغا، سەنئەت ئىنستىتۇتىغا كىرىش تەلىپىم رەت قىلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇزۇنغا قالماي ميۇنخېنغا بېرىپ بۇ مەقسىتىمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەپ ئېيتقان. بۇ قىرائەتخانىدا، ھىتلېر بىلىمى بار كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى. خونىش بۇ ھەقتە ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: “بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ ھەر كۈنى شۇ ئورۇندا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيتتى. بىرەر قېتىممۇ ئۇنىڭ شۇ ئورۇندا يوقلىقىنى كۆرمەيتتۇق. ئۇ سىزغان رەسىملىرىنى تاپشۇرغىلى كەتىكەن ۋاقىتلىرىدىلا بۇ ئورۇن قىسقا بىر مەزگىل بوش قالاتتى. ئۇنىڭ مىجەزىمۇ بەكلا غەلىتە ئىدى. ئومۇمەن ئالغاندا، ھىتلېر كىشىلەرگە بەكلا سىلىق مۇئامىلە قىلاتتى. كىشىلەر ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. ئۇ ئۆزىدەك قىيىن كۈنگە قالغانلارنىڭ ھەممىسىگە بىر تۈرلۈك قىزىقىش بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.” گەرچە ھىتلېر كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتكەندەك قىلسىمۇ، خونىش ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىلا چەكلىك مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى دەپ كېلىپ: “ھېچ كىم ئۇنىڭدىن پايدا ئۈندۈرۈۋالاي دېمەيتتى. شۇنىڭغا قارىماي، ھىتلېر ھەرگىز مەغرۇرلىنىپ كېتىدىغان، ھاكاۋۇرلۇق قىلىدىغان بەرسى ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە، ئۇنىڭ كۆڭلى بەكلا يۇمشاق، كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىرى ئىدى. ئەگەر بىرەرى يەنە بىر كېچە قۇنالىشى ئۈچۈن ئەللىك تەڭگە پۇلغا ئېھتىياجى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپلا قالسا بېرىپ ئۇنىڭغا مەردلىك بىلەن ياردەم قىلاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاچ قالسىمۇ رازى ئىدى. مەن ئۇنىڭ نەچچە قېتىم قالپىقىنى گۆرۈگە قويۇپ بولسىمۇ باشقىلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى كۆرگەنمەن” دەيدۇ.
ئادەتتىكىچە سىياسىي مۇنازىرىلەردە، ھىتلېر رەسىم سىزىشتىن توختىماي تۇرۇپ ئارىلاپ گەپ قىستۇرۇپمۇ قوياتتى. ئەگەر “قىزىلپاچاق”، “ئەيسا جەمئىيەت ئەزاسى” دېگەندەك گەپلەر ئوتتۇرىغا چىقىپلا قالسا ياكى بىرەرسى ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدىغان گەپلەرنى قىلىپلاسالسا ئورنىدىن چاچىراپ تۇرغىنىچە ئۇنىڭ بىلەن تىغمۇ-تىغ مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتەتتى. بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكىنىدە سۆزىنىڭ قوپال چىقىپ كېتىشىگىمۇ دىققەت قىلىپ كەتمەيتتى.” ئاندىن قولىنى شىلتىپ ئورنىغا قايتىپ بېرىپ، “ئىسىت، سېنىڭدەك بىرى بىلەن تاكاللىشىمەن دەپ راستىنلا ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپتىمەن. ساڭا پەقەتلا گەپ ئۆتمەيدىكەن، بۇنداق گەپلەرنى ھەرگىز چۈشەنمەيدىغان بىرنېمىكەنسەن” دېگەندەك قىياپەتتە ئۆز ئىشىغا كىرىشىپ كېتەتتى.
بىر ھېسابتا، ھىتلېر ۋيېننالىقلار ۋە ئۇ يەردىكى تۆۋەن قاتلام كىشىلىرى بىلەن ئىچ قويۇن-تاش قويۇن بولۇپ يۈرەتتى. بۇ جەھەتتە نۇرغۇن مەلۇماتلارغا، نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنىمۇ قولغا كەلتۈرەلىگەن ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭغا ۋيېننادا ئۆگەنگۈدەك تۈزۈك بىر نېمە قالمىدى دېيىشكە بولاتتى. شۇڭا ئۇ، يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئۇنىڭ قەلبى گېرمانىيە دېگەن بۇ “ۋەتەن” گە تەلپۈنۈپ تۇرىدىغان بولىدۇ. ئۇ كارىۋىتىنىڭ بېشىغا مۇنداق بىر شوئارنى ئەينەك رامكىغا ئېلىپ ئېسىپ قويغان:
ئەركىنلىك يولىمىز پارلاق،  
ئىشەنچىمىز تولۇق.
ۋەتەنگە تەلپۈنىمىز!
ياشىسۇن ۋەتەن! خايل!
ئادولف ھىتلېر، ھابسبۇرگلار خانىدانلىقىنىڭ بۇ سېھىرلىك پايتەختىدە بەش يېرىم يىللىق سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كۆچۈرىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ۋيېننانى بىر تەرەپتىن ياخشى كۆرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ شەھەرگە ئۆچلىكى كېلەتتى. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بۇ بىر پەردىلىك كەچۈرمىشىنى “ۋيېننادا ئوقۇشنى دەپ تارتقان جاپالىرىم” دەپ نام بېرىش مۇمكىن. ئۇ، بۇ دەرد-ئەلەملىك كۈنلىرىنى “ھاياتىمدىكى ئەڭ پاجىئەلىك كۈنلىرىم” دېيىش بىلەن بىرگە، ئۇ يەردە ئېرىشكەن بىلىملەر ھەر قانداق ئالىي مەكتەپتىمۇ ئېرىشكىلى بولمايدىغان بىلىملەر ئىدى دەيتتى. شۇڭا ئۇ، “بۇ يەردىكى ھاياتىم مېنىڭ ئەڭ جاپالىق ئەمما ئەڭ مۇكەممەل مەكتەپ ھاياتىم” دەيدۇ.
1913-يىلى 24-مايدا، ھىتلېر پۈتۈن نەرسىلىرى قاچىلانغان كونا بىر تاغارنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ، بويتاقلار ياتىقى ئورنىنىڭ قوش قاناتلىق دەرۋازىسىدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چىقىدۇ. خونىش شۇ كۈنىدىكى مەنزىرىنى ئەسلىگىنىدە51 ئۇنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەممەيلەننىڭ قاتتىق كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ: “بىز ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بىر سەپدىشىمىزدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدۇق. ئۇ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان، ھەممىگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغان بىرى ئىدى.”
ئادولف ھىتلېر، ۋيېننادىن ئايرىلىپ ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى ئاختۇرۇش ئۈچۈن ميۇنخېنغا قاراپ سەپەر قىلىدۇ. “بۇ شەھەرگە كىرىپ كەلگىنىمدە تېخى ياش بىر يىگىت ئىدىم. ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىمدا بولسا رەسمىي بىر ئادەم بولۇپ يېتىشكەن ئىدىم. مەن ۋيېننادا ئۆزىنى تۈتىۋالغان ئېغىر بېسىق بىرىگە ئايلانغان ئىدىم. ئۇ يەردە مېنىڭ ئىدىيەم، بولۇپمۇ سىياسىي قاراشلىرىم دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن ئىدى. شۇ چاغدا ئۇلىنى سالغان قاراشلىرىمدىن قەتئىي ۋاز كەچمىدىم. كېيىنكى ۋاقىتلاردا پەقەت ئۇلارنى تەپسىلىي تولۇقلاش بىلەنلا ئۆتتۈم” دەيدۇ ھىتلېر تەرجىمىھال كىتابىدا. ھىتلېر ھېلىقى بويتاقلار ياتىقىدا ساق ئۈچ يىل ئۈچ يېرىم ئاي ياتىدۇ. ئۇ يەر ئۇنىڭ ئائىلىسىگە، ئۇنىڭ سېغىنىدىغان ئۇۋىسىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلىش ۋاقتىدىكى مەنزىرىنى خونىش مەڭگۈ ئېسىدىن چىقىرالمايتتى. ئۇ، ھىتلېر بىر ھەمراھى بىلەن (ئۇ ھەر قانچە ئەسلەپمۇ ھىتلېر بىلەن بىرگە كېتىۋاتقان ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئېسىگە كەلتۈرەلمىدى) بىرلىكتە پىيادە سەپەرگە ئاتلانغان ۋاقتىدىكى كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولغان ئىدى. ئۇنىڭ بىرلىكتە يولغا چىققان ھەمراھى ئەگەر يەھۇدىي نيۇمان بولغىنىدا (ئۇمۇ ئۇزۇندىن بېرى ئىمپېرىيە تۇپراقلىرىغا كۆچۈپ كېتىشنى نىيەت قىلىپ يۈرگەن بىرى ئىدى)، بۇ ئىش ھىتلېر ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ مەسخىرىلىك بىر ئىش ھېسابلىناتتى.


3. قاتتىق خوشاللىق
1913-يىلى مايدىن 1918-يىلى نويابىرغىچە52

1

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-22 20:16:08 | ئايرىم كۆرۈش

3. قاتتىق خوشاللىق
1913-يىلى مايدىن 1918-يىلى نويابىرغىچە52

1
ھىتلېر، ۋيېننا پويىزىدىن چۈشۈپ، پەلەمپەيلەردىن ئۆرلەپ ميۇنخېننىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇق خۇببۇب رايونىغا كىرىپ كېلىدۇ. شۇ مىنۇتتىن باشلاپ باۋارىيىنىڭ بۇ مەركىزى شەھىرىنىڭ ھەممە نەرسىسى ئۇنىڭغا چىرايلىق كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ۋيېننادا ھەر تۈرلۈك تىل ۋە شېۋىلەرنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەن ۋاراڭ-چۇرۇڭىغا كۆنۈپ كەتكەن ھىتلېر، بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىشلىرىنى ئاڭلاپ ئالاھىدە يېقىملىق ھېس قىلىدۇ. “بۇ شەھەر ماڭا شۇنداق يېقىملىق بىلىنمەكتىكى، گويا مەن بۇ شەھەردە بۇرۇن ئۇزۇن يىللار ياشاپ باققاندەكلا ھېسسىياتلارغا كېلىپ كەتتىم” دەيدۇ «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتابىدا.
ئۇ كۈنلەر دەل باھار كۈنلىرىگە توغرا كەلگەن ۋاقىت بولۇپ، ئەتىيازنىڭ ئىللىق كۈن نۇرى ھەممە يەرنى ئىسسىتقان، باۋارىيە تەرەپتىكى ئالپ تاغلىرىدىن ئۇرغان شامال، ھاۋانى تازىلاپ گويا ۋيېننادىكىدىنمۇ ساپ ھاۋانى بۇ شەھەرگە ئېلىپ كەلگەندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇ كۈنى يەكشەنبە كۈنى، يەنى 25-ماي بولىشىغا قارىماي كوچىلاردا سەيلە قىلىپ يۈرىدىغان كۆپ ئادەم كۆرۈنمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ھىتلېر كوچىدىكى بىنالار بىلەن ھەيكەللەرنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپلا قالىدۇ. شۇڭا ئۇ “بۇ شەھەرگە كىرىپ كەلگەن ۋاقتىمدىن باشلاپلا، بۇ يەرنى باشقا ھەر قانداق بىر شەھەردىن بەكرەك ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. مانا بۇ — ھەقىقىي نېمىس شەھىرى” دەيدۇ.
ئادولف بۇ شەھەردە ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا يېرىم سائەتتەك ئايلىنىپ يۈرىدۇ. ھىتلېر، ئېھتىمال كۆنىگسپلاتز مەيدانىدىن كېسىپ ئۆتكەن بۆلىشى كېرەك، بىر چاغدا شلېيسخېيمېرسىتراس كوچىسىغا يېتىپ كېلىدۇ. كۆز ئالدىدىكى پروپىيلايىن كىمىر شەكىللىك قۇرۇلۇش بىلەن يىراقتىكى مەيداننى كۆرۈپ ھەيران بولغانلىقىدىن ھاڭۋېقىپ ئېغزى ئېچىلىپلا قالىدۇ. كېيىن ئۇ بريېننېرسىتراس كوچىسىغا قاراپ يۈرگەن بولسا كېرەك، خۇددى شەھەر سېپىلىدەك ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ھاراق زاۋۇتىغا، يەنى لۆۋېن پىۋا زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالىدۇ. بۇ يەر شۋابىڭ رايونىغا تەۋە، يەنى ستۇدېنتلار رايونىنىڭ چەت ياقىسى ئىدى. شلېيسخېيمېرسىتراس كوچىسى بۇ يەردىن باشلىنىپ شىمالغا قاراپ داۋام قىلاتتى.53 ئىككى بىنادىن ئۆتۈپ 34-نومۇرغا كېلىدۇ. بۇ يەر پوپ كىيىم تىكىش دۇكىنى ئىدى. بۇ دۇكاننىڭ دېرىزىسىگە قولدا يېزىلغان بىر ئېلان چاپلانغان ئىدى:
«ئىجارىگە ئۆي. ئۆي ئۈسكۈنىلىرى تولۇق، دۇرۇس بىرىگە ئىجارە بېرىلىدۇ»
ھىتلېر، ئېلاندا كۆرسىتىلگىنى بويىچە  3-قەۋەتكە چىقىدۇ. ئۆي ئىگىسى پوپ خانىم ئۇنى ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئۆيگە باشلاپ كىرىدۇ. ئۆيدە بىر كارىۋات، بىر ئۈستەل، بىر ساپا، بىر ئورۇندۇق قويۇلغان ئىدى. تامدا ئىككى پارچە كۆچۈرۈلمە مايبوياق رەسىم ئېسىقلىق ئىدى. “كەلگەن بۇ يىگىت مېنىڭ بىلەن شۇ ھامان توختام تۈزۈشۈپ ئۆيۈمنى ئىجارىگە ئالدى. — دەيدۇ ئۆي ئىگىسى خانىم كېيىن ئەسلەپ، — بۇ ئۆي ماڭا بەكلا ئۇيغۇن ئۆي ئىكەن دەپ ئىجارە ھەققىنى ئالدىن تۆلىۋەتكەن ئىدى.” ئۆي ئىگىسى خانىم ئۇنىڭغا بىر تىزىملىتىش جەدۋىلى ئۇزارتىدۇ. ئادولف ئۇ جەدۋەلنى “ئادولف ھىتلېر، بىناكارلىق رەسسامى، ۋيېننادىن كەلگەن” دەپ تولدۇرىدۇ.
“ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن ھىتلېر ئەپەندى سىرتقا چىقىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە قايتىپ كىرىپتۇ. قولىدا نەدىندۇ بىر يەرلەردىن تېپىۋالغان كونىراپ كەتكەن بىر رەسىم سىزىش قوندىقى بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ دەرھال رەسىم سىزىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇ ئولتۇرۇشىدا نەچچە سائەت رەسىم سىزدى. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە ئۇنىڭ يەنە ئىككى پارچە رەسىم سىزىپ چىققانلىقىنى كۆردۈم. سىزغان رەسىمى بەكلا چىرايلىق ئىدى. ئۈستەل ئۈستىگە يېيىپ قويۇپتۇ. بىر پارچىسى بىر چېركاۋ رەسىمى بولۇپ، يەنە بىرى قايسى بىر تىياتىرخانىنىڭ رەسىمى ئىدى. بۇ خېرىدارىم پوپكىسىنى ئېلىپ رەسىمىگە خېرىدار تېپىش ئۈچۈن سەھەردىلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى” دەيدۇ پوپ خانىم ئەسلەپ.
ھىتلېر، ميۇنخېنغا قاتتىق ھەۋەس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يەردە ئۈچ يىل رەسساملىق بىلەن بىناكارلىقتا ئوقۇشنى پىلانلايدۇ. ئەمما مۇھىت ئۇنىڭ بۇ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەقەتلا پۇرسەت بەرمەيدۇ. نەتىجىدە ھىتلېرمۇ ئۇ يەرنىڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىغا زادىلا ئايىقىنى باسمايدۇ. ۋيېنناغا سېلىشتۇرغاندا بۇ يەردە رەسىم سىزىشقا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزمەك تېخىمۇ تەس ئىدى. بۇ يەردىكى شەھەر ئىچى تىجارەت مۇھىتى ۋيېننادىكىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ، بۇ شەھەردە خىجىل بولۇشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئىشىكمۇ-ئىشىك، قاۋاقمۇ-قاۋاق قاتىراپ يۈرۈپ رەسىم سېتىش ھەقىقەتەنمۇ نومۇس قىلارلىق بىر ئىش ھېسابلىناتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئىرادىسىدىن يانمايدۇ. ھەر قانچە قىيىن بولۇشىغا قارىماي ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسىتىگە يېتىش ئىرادىسى كۈچلۈك ئىدى.
1913-يىلى ميۇنخېن 6 يۈز مىڭ نوپۇسلۇق بىر شەھەر ئىدى. ميۇنخېن، ياۋروپادا پارىژدىن قالسىلا ئالاھىدە جانلانغان مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى. نۇرغۇن يىللاردىن بېرى بۇ شەھەر بەكلا كۆپ رەسسامنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ھىتلېرنىڭ ھېس قىلىشىچە بۇ كىشىلەر پۈتۈنلەي چىرىگەن كىشىلەر بولۇپ، شېۋىتسارىيىلىك پاۋۇل كلېي، ئاندىن كاندىنسكى، ژاۋلېنسكى ۋە بۇرليۇك ئاكا-ئۇكىلارغا ئوخشاش كىشىلەر شەرقتىن كەلگەن مۇساپىرلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا “يېڭى رەسساملار جەمئىيىتى” نىڭ يېتەكچىلىرىدىن ھېسابلىناتتى. بۇ جەمئىيەت بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن قۇرۇلغان بىر تەشكىلات بولۇپ، ئۆز ئەزالىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئەركىن مۇھىت يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان ئىدى. ھىتلېر بولسا كلاسسىك ئېقىمغا مەنسۇپ رەسسام بولۇپ، بۇ جەمىئەتتىكىلەرنىڭ چۈشەنچىلىرى بىلەن پەقەتلا كېلىشەلمەيتتى. شۇنىڭغا قارىماي بۇ خىل يېڭىچە نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار سەنئەت ساھەسىدە ميۇنخېنغا تۈرتكە بولۇپ ھاياجان ئېلىپ كەلگەن ئىدى. تەبىئىي ھالدا بۇنداق نەزەرىيە ئاۋسترىيەلىك ياش ھىتلېرنىمۇ قىزىقتۇراتتى. “ميۇنخېندىكىلەر شەرقتىكى رۇسىيە بىلەن بالقان يېرىم ئارىلىدىن قېچىپ كەلگەن ئۇزۇن چاچلىق بۇ كىشىلەرنى كۆچمەن مىللەت دەپ ئاتىشاتتى. ئۇلار ئۈزۈلمەي شۋابىڭغا، يەنى شىمالى شەھەر رايونىغا كۆچۈپ كىرمەكتە ئىدى. ئۇ يەرلەرنىڭ يوللىرى تۈپتۈز ياسالغان. … بۇنداق ياسىلىشتىكى مەقسەت، كۆپ سانلىق رەسسام ئۆيلىرىگە يېتەرلىك كۈن نۇرى چۈشۈشنى مەقسەت قىلىشقان بولىشى مۇمكىن.” گەرچە ھىتلېر بۇ تۈردىكى شەرقتىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى مەنسىتمىگەندەك قىلغىنى بىلەن، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر بوخېمىيىلىك ھېسابلىناتتى. شۇڭا ئۇمۇ شەرقلىقلەرنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئېھتىياجلىق ئىدى. بۇ يەردە، ئۇنىڭ چوقۇنىدىغىنى «ترىستان بىلەن ئىسولد»، «شېئىر جەمئىيىتى»، «رېيىن قېنىدىكى ئالتۇن» قاتارىدىكى كونا رەسىملەر ئىدى؛ بۇ شەھەر رايونىدا يەنە ستېفان گېئورگ، راينېر مارىيە رىلكلارغا ئوخشاش داڭلىق نېمىس شائىرلىرىمۇ ياشايتتى؛ شۇنىڭدەك يەنە بۇ يەردە رىچارد ستراۋۇسمۇ درامما يېزىشنى داۋام قىلماقتا، توماس مان تېخى يېقىندىلا «ۋېنۇسنىڭ ئۆلۈمى» دېگەن رومانىنى پۈتتۈرگەن، ئوسۋالد سپېڭگىلېر بولسا54 ھىتلېر تۇرۇۋاتقان ئۆيدىن تولا بەك پەرق قىلمايدىغان قۇپقۇرۇق بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ «غەربنىڭ يىمىرىلىشى» دېگەن ئەسىرىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى يېزىۋاتاتتى. يېقىن بىر يەردە، “ئون بىر قاراقچى” دېگەن بىر رېستوراندا، «زوراۋاننىڭ كارىكاتۇرىيىسى» نىڭ يازغۇچىسى، يامان نام چىقىرىۋەتكەن تالانت ئىگىسى فرانك ۋېدېكىند ئۆزى يازغان ناخشىسىنى ئورۇندىماقتا؛ پۈتۈن گېرمانىيە بويىچە شەھۋانىيلىق بىلەن تولغان ئۇنىڭ ئىجادىيىتى — پەسكەش تىياتىرلىرىنى ئوينالماقتا بولۇپ، تاماشىبىنلار ھۆ قىلغۇدەك ھالغا كەلسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان قىزىقىش پەسەيمىگەن ئىدى. بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، كىشىلەر بەكلا ئۆچ كۆرىدىغان ئەڭ ئەخمىقانە سەنئەت بىلەن سىياسىي نەزەرىيىلەرنى ھەممە تەڭ مەدھىيىلەيدىغان بوخېمىيىچىلىك روھى ميۇنخېندا تارقىلىپ يۈرمەكتە، ھەمدە بۇ چاكىنىلىقلار پۈتۈن دۇنيادىكى ئەدەپسىز كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا ئىدى.
شلېيسخېيمېرسىتراس كوچىسىدىن نەچچە بىنالا نېرىسىدا، يەنى 108-نومۇردا يەنە بىر رادىكال سىياسەتچى ئولتۇراتتى. ئۇ ئادەم رۇسىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغان بىرى بولۇپ، بۇ يەردە تۇرۇۋاتقىنىغىمۇ بىر يىلدىن ئېشىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغاندا يازغان ئىسمى مېيېر ئەپەندى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ۋلادىمىر ئىلئىچ ئۇليانوۋ ئىدى. يەر ئاستى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگىنىدە سەپداشلىرى ئۇنى لېنىن دەپلا ئاتىشاتتىكەن. بۇ كىشى، بۇندىن ئون يىل ئاۋۋال بۇ يەرگە كېلىپ ماركسىزم نەزەرىيىلىرى ئاساسىدا كىتاب يېزىپ ئۆز تەلىماتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مانا ئەمدى، ھىتلېرمۇ شۋابىڭدىكى بۇ تۈر قەھۋەخانىلارغا، مېھمانخانا-رېستورانلارغا كىرىپ چىقىپ يۈرىدىغان، ئۇ يەرلەردىكى ئەركىنلىك ئىدىيىسىنىڭ يەڭگىل ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ يۈرىدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى بۇنداق ئاسىيلارچە تۇغما مىجەزى بىلەن قوپال مىجەز-خاراكتېرىدىن بۇ يەردە ھېچكىم قورقۇپ كەتمەيتتى. ھىتلېر بۇ يەردە، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە يېڭى پەيدا بولغان يەنە بىر غەلىتە مىجەزلىك بىرىلا ھېسابلىناتتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئارىلاپ ئۆزىنىڭ قۇرساق كۆپۈكىنى تۆكىدىغانغا، غايىلىرىنى ئاڭلاپ بېرىدىغانغا بىرەرى چىقىپ قالسا ئىچىنى تۆكۈۋېلىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشىپ قالاتتى. گەرچە ئۇ شۋابىڭدىكى بوخېمىيىچىلىك ئېقىمىدىكىلەر بىلەن ئاز-تولا مۇناسىۋىتى بار بىرى ھېسابلانسىمۇ، ئۇنىڭ رەسىم سىزىشتىكى پاسونى قىلچە ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سەنئەتتىكى بۇنداق مۆتىدىل ئۇسلۇبى ئۇنىڭدىكى ھاياجانلىق خاراكتېرى بىلەن يالقۇنلۇق سىياسىي قاراشلىرىغا پەقەتلا ماس كەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۇسلۇبى يەنىلا ئىنستىتۇت تۈسىنى ئالغان بولۇپ، تەجرىبە قىلىپ يېڭىلىق چىقىرىش ئېقىمىغا ھەرگىز ماس كەلمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنى جانلىق، ھەتتا كۈچلۈك تۇيغۇلارغا ئىگە دېيىشكىمۇ بولاتتى.
ھەممە ئېقىملار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ يەردە، ئۇ ماركسىزمغا يېڭىدىن قىزىقىشقا باشلايدۇ. ئۇ، بىرەر قىرائەتخانىغا كىرىۋالسا سائەتلەپ كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ئادولف، بۇنداق ۋاقىتلاردا ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلىشقا يېتەكلەيدىغانلىكى نەزەرىيىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماتېرىياللارنى كۆرۈپ تەھلىل قىلاتتى. “… مەن بۇ يەردە بۇ تۈر يېڭىچە دۇنيا قاراش نەزەرىيىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى قېتىرقىنىپ تەھلىل قىلىشقا تىرىشتىم. شۇ ئارقىلىق بۇ يېڭىچە دۇنيا قاراش پەيدا قىلىش ئېھتىمال بولغان تەسىرلىرىنى بىلىپ چىقىشقا ئۆزۈمنى ئاتىغان ئىدىم. شۇنىڭدەك، بۇ يېڭىچە دۇنيا قاراشنىڭ سىياسىي، مەدىنى ۋە ئىقتىسادىي  تۇرمۇشىمىزدا پەيدا قىلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ھادىسىلەر بىلەن ئەمەلىيەتلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك ئاقىۋەتلەرنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مىسلى كۆرۈلمىگەن يالغانچىلىقنىڭ ئاخىرقى غايىسى بولغان بۇ ئەقىدىنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى قولغا چۈشۈرۈشنى بىردىن بىر مەقسىەد قىلغان ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋابا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.”
ھىتلېر، قىرائەتخانىدىن ياتىقىغا قايتقىنىدا ھەر دائىم بىر قولتۇقىغا بىر نەچچە پارچە كىتاب، يەنە بىر قولتۇقىغا قېزا-بولكا قىستۇرغان ھالدا پەلەمپەيدىن ئالدىراش چىققىنىچە ياتىقىغا كىرىپ كېتەتتى. پوپ ئەپەندىم ئۇنىڭ لۆۋېنبراۋكېللېر رېستورانى تۇرماق باشقا بىرەر كىچىكرەك ئاشخانىغىمۇ كىرمەس بولۇۋالغانلىقىنى سېزىپ قېلىپ، ئادولفنى “بىزنىڭكىگە كىرىپ تاماق يېگەچ بىردەم-يېرىمدەم ئولتۇرۇپ چىقىڭ” دەپ بىر قانچە قېتىم ئۆيىگە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئادولف بۇنداق تەكلىپلەرنى پەقەتلا قوبۇل قىلمايدۇ. پوپ خانىممۇ بۇ “ئاۋسترىيەلىك بەكلا سىرلىق بىرى” دەپ بىلەتتى. بۇ ئايال، ھىتلېرنى بەكلا چىقىشقاق، كىشىلەرگە ياردەم قولىنى ئۇزارتىشقا ئامراق ياش بىرى ئىكەن، شۇنداقتىمۇ يەنىلا چۈشەنگىلى بولمايدىغان سىرلىق بىرى دەپ قارايتتى. “ئۇنىڭ نېمە خىياللارنى قىلىپ يۈرىدىغانلىقىنى پەقەتلا بىلەلمەيسەن، ئۆيىگە بىر كىرىۋالسا نەچچە كۈنلەپ سىرتقا چىقمايدۇ. بۇ ئادەم خۇددى بىر سىرلىق چەۋەندازغا ئوخشاش ئۆيىگە قامىلىپلا ئولتۇراتتى. ئۇ ئۆيىدە ئەتىدىن كەچكىچە قېلىن كىتابلارنى قولىدىن چۈشۈرمەي قادىلىپ ئولتۇراتتى” دەيدۇ ئاق كۆڭۈل ئۆي ئىگىسى خانىم. ئۇنى ئاشخانا ئۆيىگە كىرىپ تاماق يەپ چىق دەپ ھەر قانچە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئادولف چوقۇم بىرەر باھانە كۆرسىتىپ سىلىقلىق بىلەن رەت قىلاتتى.55 بىر قېتىم ئادولفتىن “ئوقۇۋاتقان كىتابلىرىڭنىڭ رەسساملىق بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟” دەپ سورىۋېدى، ھىتلېر ئۇنىڭ قولىدىن تۇتقىنىچە “سۆيۈملۈك پوپ خانىم، ھاياتى بويىچە ئۆگەنگەن نەرسىلىرىدىن قايسىلىرىنىڭ كارغا كېلىپ قايسىلىرىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلەيدىغان ھېچ كىم يوق. مەنمۇ ھەم شۇنداق، بۇلارنىڭ كېيىن ئەسقېتىپ-ئەسقاتمايدىغانلىقىنى بىلەلمەيمەن” دەپ سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئادولف، كىتاب ئوقۇشتىن كېيىن ئادەتتە قەھۋەخانا ياكى پىۋىخانىلارغا كىرىپ ئولتۇرۇپ چىقاتتى. ئۇ يەرلەردە ئۇنىڭ نۇتقىنى ئاڭلايدىغانغا چوقۇم بىرسى تېپىلىپ تۇراتتى. ئۇنداق يەرلەردە، ھىتلېر ھە دېگەندىلا بەزى جان ئالىدىغان مەسىلىلەرگە بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى. بۇنىڭغا بەزىلەر دەرھال رەددىيە بېرىشكە ئۇرۇناتتى. شۇنداق قىلىپ ھەممە ئۆز بىلگىنىچە بىر نېمىلەر دەپ تالىشىپ قىزغىن سىياسىي مۇنازىرە ئىچىگە كىرىپ كېتىشەتتى. ئەمما بۇنداق سورۇنلاردىكى مۇنازىرىلىشىشلار ھىتلېرنىڭ كۆزقاراشلىرى بىلەن نەزەرىيىلىرىنى تېخىمۇ پۇختىلىۋېلىش پۇرسىتىنى بېرەتتى.
قىش كېلىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ رەسىمىنى ئالىدىغان خېرىدارلارمۇ ئازىيىپ، تۇرمۇشى تېخىمۇ مۇشكۈل ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئادولف “ئۇ ۋاقىتلار ھاياتىمدىكى ئەڭ بەختلىك، ئەڭ خۇشاللىق كۈنلىرىم ئىدى” دەيدۇ. شارائىت ناچار ۋاقىتلاردا ۋيېننا بەكلا زېرىكىشلىك بىر يەر ئىدى. ئەمما ميۇنخېن ھېچ قاچان ئۆزىنىڭ سېھىرلىك كۈچىنى يوقاتمايدىغان بىر شەھەر. “بۈگۈنكى كۈندە، ئەگەر دۇنيادىكى باشقا يەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا مىيۇنخېننى بەكرەك ياخشى كۆرگەن بولسام، — دەيدۇ ھىتلېر ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈرمىدە ئەسلەپ، — بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، بۇ شەھەر مەيلى بۇرۇن، مەيلى ھازىر، مەن باشلىغان كۈرەش يولۇمغا زىچ باغلىق بىر شەھەر بولغانلىقى. مەن شۇ ۋاقىتلاردا بۇ شەھەردە كۆڭلۈم خاتىرجەم، بەخت ئىچىدە ياشىيالىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى، بۇ شەھەر خەلقىنى تەشكىل قىلغان ۋىتتېلسباخلىقلارنىڭ پۈتۈن ئىشنى ئىنچىكە ھېسابلايدىغان كىشىلەرلا بولۇپ قالماي، ھېسسىياتقا باي خاراكتېرىنىڭ سېھىرلىك كۈچى سەۋەبچى بولغان دېيەلەيمەن.”
1914-يىلى يېڭى يىل بايرىمىدىن كۆپ ئۆتمەي، يەنى بىر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھىتلېرنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتسىمۇ يەنىلا تۇرمۇشىنى قامداپ كېتەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ كېلىۋاتقان شارائىت تۇيۇقسىزلا تەھدىتكە ئۇچرايدۇ: 18-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىم بولغاندا بىرسى ئىشىكىنى قاتتىق ئۇرۇپ كېتىدۇ. ھىتلېر ئىشىكىنى ئېچىپ سۈرلۈك قىياپەتلىك ميۇنخېن ساقچىسى تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كېتىدۇ. ھېرلې ئىسىملىك بۇ ساقچى ئۇنىڭغا ئاۋسترىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىر ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇقتۇرۇشتا “ھىتلېر 1914-يىلى 20-يانۋار كۈنى لىنزدىكى كايزېرىن ئېلىزابېت 30-نومۇرلۇق پرېستانغا بېرىپ ھەربىيلىككە تىزىمغا ئالدۇرسۇن” دېگەنلەر يېزىلغان ئىدى. ئەگەر ۋاقتىدا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرمىسا سوتقا بېرىلىشى مۇمكىنلىكى ياكى جەرىمانە جازاسى بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئىشنىڭ ئەڭ يامان تەرىپى، ئەگەر ھەربىيلىكتىن قېچىش سەۋەبىدىن چەتئەلگە قاچقانلىق جىنايىتى بارلىقى ئىسپاتلانغىنىدا تېخىمۇ ئېغىر جەرىمانە جازاسىغا تارتىلىپلا قالماي، بىر يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىڭ مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئادولف بەكلا جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. ئەسلىدە، ئۇ بۇندىن ئۈچ يىل ئاۋۋال ماننېرھېيم بويتاقلار يۇرتىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا ۋيېننادا ئەسكەرلىككە ئىلتىماس قىلىپ باققان بولسىمۇ ھېچ قانداق بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن ئىدى. بۇ ساقچى ھەربىيلىككە تىزىملىتىش ئۇقتۇرۇشىغا قول قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھىتلېرنىڭ كۆڭلى بەكلا پەرىشان ئىدى. قوللىرى تىترىگىنىچە “ئادولف ھىتلېر” دەپ ئىمزا قويۇپ بېرىدۇ. بۇ ساقچى ھىتلېرنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇنى باش شىتابقا ئېلىپ بارىدۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇنى “ئاۋسترىيە كونسۇلخانىسى” غا يالاپ ماڭىدۇ. بۇ چاغدا، ساقچى دائىرىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ كېتىدۇ. ئۇ كۈنلەردە ھىتلېر ئۆز ھالىنى چۈشەندۈرۈپ يۈرمىسىمۇ ئۇنى سىرتقى قىياپىتىغا بىرلا قاراپ ئەھۋالىنى تولۇق چۈشىنەلەيتتى. باش كونسۇلمۇ چىرايى ساغرىپ كەتكەن، ئاچ قۇرساق، بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان، كىيىملىرىمۇ ۋەيرانە بۇ ياش بىچارە رەسسامغا قاراپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ ھەربىيلىككە كىرىش ۋاقتىنى غېنىۋارنىڭ باشلىرىغىچە كېچىكتۈرۈپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ لىنزغا تېلېگرامما بېرىپ بېقىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ئەتىسى، لىنزدىن “قەتئىي تۈردە 20-يانۋار كېلىپ تىزىمغا ئالدۇر” دېگەن جاۋاب تېلېگرامما كېلىدۇ. شۇ كۈنىنىڭ ئۆزىلا 20-يانۋار ئىدى. بۇنىڭدىن ھىتلېر نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇنى كۆرگەن باش كونسۇل ئەپەندى ھىتلېرغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنىڭ لىنز دائىرىلىرىگە بىر پارچە چۈشەندۈرۈش خېتى يېزىپ بېقىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ھىتلېر خېتىنى قاتتىق يالۋۇرۇش سۆزلىرى بىلەن يازىدۇ. يازغان خېتى ھەقىقەتەنمۇ ھودۇقۇش، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇراتتى.56 بۇ خەت بەكلا كۆپ ئىملا خاتالىرى بىلەن تولغان ئىدى. كېيىن ئۇ شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ كېلىپ غەزەپلەنگەن ھالدا، ۋەزىيەت بەكلا جىددىي ئىدى، بۇ يەردىكى ئىشلىرىنى سەرەمجانلاشتۇرۇشقىمۇ پۇرسەت بەرمىدى، ھەتتا يۇيىنېۋلىشىمغىمۇ ئىمكان بەرمىدى دەيدۇ.
“ئەسكەرلىككە چاقىرىش ئۇقتۇرۇشىغا ئۆزۈمنى رەسسام دەپ يازدۇرغان ئىدىم، مەن بۇنداق ئاتىلىشقا ھەققىم بار دەپ قارايتتىم. شۇنداقتىمۇ مەلۇم چەك ئىچىدىلا شۇنداق ئاتىلىشىم مۇمكىن ئىدى. توغرا، مەن ھەقىقەتەنمۇ سىزغان رەسىملىرىمنى سېتىشقا تايىنىپ كۈن ئېلىۋاتقان بىرىمەن. مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ھېچ قانداق تۇرمۇش ئاساسىم يوق (ئاتام ھايات ۋاقتىدا بىر دۆلەت كادىرى ئىدى)، مېنىڭ رەسىم سىزىپ سېتىشتىكى مەقسىتىم ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا ئىدى. مەن بىناكار رەسسامى بولغىنىم بىلەن، يەنىلا ئۆگىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بىر شاگىرت ھېسابلىنىمەن. شۇڭا، مەن پەقەت ئازلا ۋاقتىمنى تۇرمۇشۇمنى قامداشنى مەقسەت قىلىدىغان رەسساملىق ئىشىغا سەرپ قىلالايمەن. بۇنىڭدىن قولغا كەلتۈرىدىغان كىرىمنىڭمۇ تايىنى يوق بولۇپ،  كۈن ئېلىشىمغا ئارانلا يېتىدۇ.”
راست دېگەندەك، ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا تۇراقسىز ئىدى. شۇ كۈنلەردە ميۇنخېننىڭ رەسىم بازارلىرى قىشلىق ئۇيقۇ مەۋسۈمىگە كىرىپ قالغان، بۇنى ئاز دەپ ميۇنخېندا بۇ ئىش بىلەن كۈن ئالىمەن دەپ يۈرگەن رەسسامدىن ئۈچ مىڭدەك كىشى بولغاچقا، ئۇنىڭ تاپقان پۇلى تېخىمۇ ئازىيىپ كەتكەن ئىدى. بۇ ھەقتە ئىزاھلاپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ:
1910-يىلىدىلا ۋيېننا دائىرىلىرىگە ئەسكەر بولۇش تەلىپىدە بولۇپ ئىلتىماس سۇنغانمەن، ھەمدە ۋيېننادا تارتقان پاجىئەلىك كۈنلىرىمنى تەسۋىرلەپ بىر پارچە رەسىممۇ سىزغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا ياش ۋاقىتلىرىم بولغىنى ئۈچۈن بەكلا تەجرىبىسىز ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادىي جەھەتتە ماڭا ياردەم قىلغۇدەك ھېچ كىمىم يوق ئىدى. مەنمۇ غۇرۇرلۇق بىرى بولغىنىم ئۈچۈن باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىش ياكى باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىشنىمۇ ھەرگىز خالىمايتتىم. شۇڭا ئۆز كۈنۈمنى ئۆزۈم ئامال قىلىپ قامداشقا تىرىشىپ يۈردۈم. بۇ جەرياندا تاپقان بىر نەچچە تىيىن پۇلۇممۇ ئارانلا تاڭ ئاتقۇزىۋېلىشىمغا يېتەتتى. شۇ دەۋرلەردە ئىككى يىل بويىچە مېنىڭ بىردىن-بىر سۆيگۈنۈم “غەم” ۋە “يوقسۇزلۇق” ئىدى، مېنىڭدىن ئايرىلماي كەينىمدىن سوڭدىشىپلا يۈرىدىغان، تاپقىنىمنى تەڭ تالىشىپ يەيمەن دەپلا يۈرىدىغان بىردىن-بىر ھەمراھىممۇ “ئاچلىق” ئىدى. مەن “ياشلىق باھار” دېگەن بۇ گۈزەل سۆزنىڭ نېمە مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىش پۇرسىتىگە ھېچ قاچان مۇيەسسەر بولالمىدىم. ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ۋاقىتلار ھەققىدە ئېسىمدە قالغىنى ئاچ قورساقلىق، توڭلاپ قېتىپ قالغان پۇت-قوللىرىمنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىلا ئىدى. شۇنداقتىمۇ مەن شۇ كۈنلەرنى ئېسىمگە كەلتۈرگىنىمدە، يەنىلا خۇشاللىق ھېس قىلماي تۇرالمايمەن. چۈنكى مەن، شۇ ۋاقىتلاردا خەلقىم ياشاۋاتقان ئىنتايىن جاپالىق كۈنلەرنى تەڭ تالىشىپ ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. گەرچە مەن ئىنتايىن ئېغىر نامراتلىق ئىچىدە قاتتىق جاپا تارتقان بولساممۇ، ئەتراپىمدىكى مۇھىتتىن، كىشىلىرىمدىن ئۈمىد ئۈزىدىغان، تۇيۇق يولغا كىرىشكە تەييار مىجەزنى شەكىللەندۈرۈش ئورنىغا، سەۋر قىلىپ ئۆزۈمنى ساپ تۇتۇشقا غەيرەت كۆرسىتەلىدىم. ھېچ قانداق بىر جىنايى ۋەقەلەرگىمۇ ئارىلىشىپ قالمىدىم. ئەسكەرلىك مەسىلىسىدىكى بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرمىغىنىمدىن باشقا، مەن ئۆزۈمنى نومۇسقا قويغۇدەك ھېچ قانداق يامان ئىشقا بۇلغاپ يۈرمىدىم. مېنىڭ ھەربىيلىككە تىزىملىتىش ئۈچۈن بارمىغانلىقىمنىڭ ئاساسى سەۋەبى، بۇ ئىشلاردىن پەقەتلا خەۋىرىم بولمىغانلىقىدىندۇر. مېنىڭ بوينۇمغا ئالىدىغان بىردىن-بىر خاتالىقىم، بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولالالماسلىقىمدىنلا ئىبارەت. ئەگەر بۇنىڭ ئۈچۈن جەرىمانە قويماقچى بولسىڭىزلار، قۇربۇم يەتكۈدەك جازا بولسا تۆلەشكە تەييارمەن.
ئۇنىڭ بۇ خېتى، ئۆزىنىڭ بەكلا ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىر پارچە يالۋۇرۇش خېتى بولسىمۇ، خېتىدە باش كونسۇلنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان. شۇ سەۋەبتىن، باش كونسۇلمۇ ئۆز پىكرىنى ھىتلېر يازغان خەتكە قوشۇپ لىنز دائىرىلىرىگە ئەۋەتىۋېتىدۇ. باش كونسۇل بۇ ئەسكەرتىش خېتىدە ھىتلېرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ سەمىمىيلىك بىلەن راست گەپ قىلغانلىقىغا ميۇنخېن ساقچىسى بىلەن ئۆزى بىرلىكتە گۇۋاھچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويىدۇ. ھەمدە، ھىتلېر ھازىر ئالاھىدە ئېتىبار قىلىنىشقا بەكلا موھتاج بىرى بولغىنى ئۈچۈن، باش كونسۇل، ئۇنىڭ لىنزغا بېرىپ يۈرمەي يېقىندىكى سالزبۇرگقىلا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ. لىنز دائىرىلىرىنىڭ ماقۇل جاۋابى كەلگەندىن كېيىن، ھىتلېر 5-غېنىۋار كۈنى كونسۇل چىقىمى بىلەن سالزبۇرگقا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ يەردىكىلەر “ھىتلېرنىڭ راستىنىلا سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ بەكلا ناچار، بەكلا ئاجىز ئىكەنلىكىنى، جەڭلەرگە قاتنىشىش ياكى ياردەمچى ھەربىي سەپ ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا مىلتىق كۆتۈرگۈدەك قۇربىنىڭمۇ يوقلۇقىنى كۆرىدۇ.” دېمەك، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى ھەربىيلىككە شەرتى توشمايدىغان ئاجىز بەدىنى ئۇنى ھەرگىز خالىمايدىغان ئاۋسترىيە ئۈچۈن ئەسكەر بولۇشتىن ساقلاپ قالغان ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، ئادولف يەنە شۇ بۇرۇنقى ياتىقىغا قايتىپ رەسىم سىزىپ سېتىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمما، 28-ئىيۇن كۈنىدىكى بىر ۋەقە، ئۇنىڭ ئارانلا ئۆزىنى قامداشقا يېتىپ كېلىۋاتقان شۇ رەسىم سىزىش ئىشى بىلەن بىناكار بولۇپ يېتىشىش ئارزۇسىنى ئاخىرقى ھېسابتا پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىدۇ. شۇ كۈنى، ئۇ ياتىقىدا ئولتۇرغىنىدا تۆۋەندە، كوچىدىن تۇيۇقسىزلا ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلاركۆتۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. نېمە ئىش بولدى دەپ دەرھال پەسكە چۈشىدۇ. بىنادىن چۈشۈۋاتقىنىدا ئۆي ئىگىسى پوپ خانىم جىددىيلەشكەن ھالدا “ئاۋسترىيە شاھىنىڭ ۋارىسى، شاھزادە فرانز فېردىناند سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپتۇ!” دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ.57 ھىتلېرمۇ پوپ خانىمنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ كوچىغا يۈگۈرگىنىچە چىقىپ توپلىشىۋالغان كىشىلەر ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىدۇ. كوچىدا، بىر مۇنچە كىشى تامدىكى قارا تاختىغا قاراشقىنىچە قىستىلىشىپ قالغان بولۇپ، ھىتلېر مىڭ تەستە قىستىلىپ يۈرۈپ ئالدىغا ئۆتۈپ تاختىدىكى خەتلەرنى ئوقۇيدۇ: ئېلاندا شاھزادە بىلەن ئۇنىڭ ئايالى سوفىيەنىڭ قاتىلى گاۋرىلو پرىنسىپ دېگەن سېربىيەلىك ياش بىر تېررورچى ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىدى. ھىتلېر بۇرۇن ۋيېننادا تۇنجى قېتىم ئاۋام پالاتاسىغا كىرىپ دېپوتاتلارنىڭ نۇتۇقلىرىنى ئاڭلاپ سلاۋيانلارنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىغا قاتتىق ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھازىر ئۇنىڭ بۇ ئۆچمەنلىكى قايتا ئەۋجىگە چىقىدۇ.

ۋيېننادا، غەزەپلەنگەن خەلق ئاممىسى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ سېربىيەلىكلەر كونسېسسىيە رايونىنى قورشىۋالىدۇ. بەزى سىياسىي كاتتىۋاشلار بۇ پاجىئە ياۋروپادا بىر قېتىملىق ئېغىر سىياسىي بوھران پەيدا قىلىۋېتىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيتتى. دېگەندەك، گېرمانىيە پادىشاھى ھابسبۇرگ خانىدانلىقىغا يوشۇرۇن بېسىم ئىشلىتىپ سېربىيەگە بېسىپ كىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. گېرمانىيە ئاللىبۇرۇن ئۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىپ قويغانلىقىنى، سېربىيەگە بىرىنچى بولۇپ ياردەم قىلىش ئېھتىمال بولغان دۆلەت رۇسىيە ئىكەنلىكىنى، ئەمما رۇسىيە بۇ ئۇرۇش ئۈچۈن قىلچە تەييارلىقى يوقلۇقىنى ئېيتىدۇ. بۇنداق بېسىم ئاستىدا، ئاۋسترىيە 28-ئىيۇن كۈنى سېربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. كەينىدىنلا، رۇسىيەمۇ ئاۋسترىيەگە قارشى ئومۇمى يۈزلۈك ئۇرۇش سەپەرۋەرلىكى ئېلان قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ۋىلھېلممۇ ئوردا سارىيى بالكونىغا چىقىپ “ئۇرۇش خەۋپى قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا” دەپ ئېلان قىلىدۇ. كەينىدىنلا رۇسىيەگە، ئەتىسى چۈشكىچە ئومۇمى سەپەرۋەرلىكنى توختىتىش توغرىلىق ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرىدۇ. بۇ ئۇلتىماتۇمغا قارىتا رۇسىيەدىن ھېچ قانداق بىر جاۋاب كەلمىگەچكە، گېرمانىيە پادىشاھى1-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇش ئۈچۈن ئومۇمى يۈزلۈك سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى ئېلان قىلىدۇ.
رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ميۇنخېنغا يېتىپ كەلگىنىدە، دالا ئارمىيىسى مارشاللار بىناسى ئالدىدا خەلق ئاممىسى ئىنتايىن ھاياجان ئىچىدە يىغىلغان ئىدى. بۇ خەلق توپىنىڭ ئالدى تەرەپلىرىدە ئادولف ھىتلېرمۇ بار ئىدى. ئادولف خەلق ئارىسىدا يالاڭباش تۇرغان بولۇپ، كىيىملىرى رەتلىك، قىسقا بۇرۇت قويۇۋالغان ھالدا كۆرۈنەتتى. گېرمانىيەدە بۇ ئۇرۇشنى ئۇنۇڭچىلىك ئارزۇ قىلىدىغان باشقا بىرى يوق دېگۈدەك ئىدى. «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتابىدا “ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ قىلچە تەپ تارتماستىن دېيەلەيمەنكى، ئۇ كۈنلەردە شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدىمكى، يەردە تىزلانغىنىمچە، مېنى بەختلىك ھالدا بۇنداق كۈنلەردە تۇغۇلغانلىقىم ئۈچۈن تەڭرىگە مىڭلارچە قېتىم چىن قەلبىمدىن رەخمەت ئېيتقان ئىدىم.” بۇ ئۇرۇش، ئۇنىڭ ئۈچۈن بالا ۋاقتىدىن تارتىپ ئارزۇلىغان بۈيۈك نېمىس ئىمپېرىيىسى قۇرۇش خىيالىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش پۇرسىتى كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.
ئۇرۇش قىزغىنلىقى پۈتكۈل گېرمانىيەنى قاپلايدۇ. كىشىلەردىكى بۇ تۈر تەلۋىلەرچە قىزغىنلىق ئەقلى تەپەككۇرىدىن كەلگەن قىزغىنلىق بولماي ھېسسىياتقا تايىنىپ پەيدا بولغان قىزغىنلىق ئىدى. كىشىلەر خۇددى ھىستېرىيەلىك روھىي بىنورماللىق باسقۇچىغا كىرىپ قالغاندەك ھەققانىيەت ئۈچۈن، دەپ ئەسەبىيلەرچە تەنتەنە قىلىشاتتى. ئەمما بۇ تەنتەنىسىنىڭ قانچىلىك بەدەل تۆلەش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ھېچقايسى خىيالىغا كەلتۈرۈپ قويمايتتى. بۇ ياشلار ئۇرۇشنى گويا سېرك ئويۇنىغا كېتىۋاتقاندەكلا بىر ئىش دەپ قارىشامدىكىن؟
ئوقۇغۇچىلار كوچىغا چىقىۋالغان بولۇپ، ھەممە بىردەك «رېيىن قوغدىغۇچىلىرى» مارشىنى توۋلىشاتتى. ھەممە بىرلىكتە چارە قىلىنسۇن، بۇنىڭغا بىر ئامال قىلىنسۇن دەپ ۋارقىرىشاتتى. كارلسپلاتز مەيدانىدا، بىر قىسىم ئەسەبى كىشىلەر قەھۋەخانا ئوركېستىر ئۆمىكى دۆلەت گېمىنىنى تىنماي چېلىپ تۇرۇشنى رەت قىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ، فاخرىگ كافېخانىسىنى چېقىپ تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ. بۇ جەرياندا زىيالىيلارمۇ خۇددى شۇنداق ھاياجاندىن سەكرەپ كېتىشكەن ئىدى. ئۇلار، مانا ئەمدى خەلق بىزارلىقتىن قۇتۇلىدىغان بولدى، بۇ دېگەنلىك بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ ساختىپەزلىكىنىڭمۇ ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېيىشەتتى. ئۇرۇش يالقۇنى خەلقنى ئىجتىمائىي ۋە مەدىنى ئەيىبلىرىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىشاتتى. ھەتتا بۇندىن نەچچە ئاي بۇرۇن ۋىلھېلمچىلارنى قۇرت-قوڭغۇزلار، “ئىمپېرىيە دۇب دەرىخى” نى غاجىلايدىغان قۇرۇتلار دەپ ھاقارەت قىلىغان سوتسىيالىزمچىلارمۇ گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ چاقىرىقىنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ (بىز بۈگۈن بىر-بىرىمىزگە پۇت-قول بولىدىغان كۈندە تۇرماقتىمىز) ھەمدە ۋەتەنپەرۋەرلىك كرېست ئارمىيىسى سەپلىرىگە قېتىلماقتا ئىدى.
پان گېرمانىزمچىلارمۇ ئۆزلۈكىدىن بۇ داغدۇغىلىق نامايىش قوشۇنى سېپىگە قوشۇلغان بولۇپ، بىرلىكتە “ياشىسۇن گېرمانىيە پادىشاھى! خايىل — ياشىسۇن!” دەپ شوئار توۋلىشاتتى. ھەتتا پان گېرمانچىلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ رەسمىي تۈردە “بىز چوقۇم نېمىس تىللىق مىللەتلەرنى بىر يەرگە كەلتۈرۈپ بۈيۈك بىر ئىمپېرىيە ھالىتىگە، بىر مىللەت ھالىتىگە كېلىشىمىز كېرەك. شۇ چاغدىلا مەڭگۈ ئەڭ مۇنەۋۋەر مىللەت ھالىغا كېلىپ، پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلالايمىز!” دەپ ئېلان قىلىشىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئادولف ھىتلېرنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەرنى قىلماقتا ئىدى. ئۇ يەنە خوخېنزوللېرن خانىدانلىقىنى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە شەرق سلاۋيانلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى تارتىۋالغانان گېرمان چەۋەندازلىرىنى تېئۇتوننىڭ ئەۋلادلىرى دەپ تونۇيتتى.58 شۇڭا ئۇ، گېرمانىيە چوقۇم ياشىشى، ئەركىنلىك ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك دېگەنگە قاتتىق ئىشىنەتتى.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ 3-ئاۋغۇست كۈنىدە، يەنى فىرانسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈننىڭ ئەتىسى، ھىتلېر ئۈچىنچى لۇدۋىگقا بىر پارچە ئىلتىماس سۇنۇپ (باۋارىيە ئۇ ۋاقىتلاردا نېمىس ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلانسىمۇ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تا 1918-يىلىغىچە داۋاملاشتۇرغان — ئا. ھ. ئى)، ئۆزىنىڭ ئارمىيىسىگە ئەسكەر قىلىپ قوبۇل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھىتلېرمۇ ۋىتتېلسباچ ئوردا سارىيى ئالدىغا يىغىلغان خەلق ئارىسىدا ئىدى. ئۇمۇ  ياشانغان پادىشاھنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئىدى. ئاخىرى، لۇدۋىگ پەشتاختا كۆرۈنىدۇ. لۇدۋىگ سۆزلەۋاتقاندا، ھىتلېر “پادىشاھ مېنىڭ يازغان خېتىمنى كۆرۈپ، ھەربىيلىك ئىلتىماسىمنى تەستىقلىۋەتسە نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى” دەپ ئويلاپ كېتىدۇ. دېگەندەك ئەتىسى پادىشاھنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. خەتنى يىرتىپ ئاچقىچە ھاياجاندىن “قوللىرى تىترەپ كېتىدۇ”. ھىتلېر باۋارىيەدە ھەربىيلىككە قوبۇل قىلىنغان ئىدى، ئۇ ئەمدى بىر پىدائىي ئەسكەر ھېسابلىناتتى. 16-ئاۋغۇست كۈنى باۋارىيە پادىشاھىنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر بېرگادىسىنىڭ گازارمىسىغا تىزىملاتقىلى بارىدۇ. بۇ قىسىم ئۇنىڭ بىرىنچى تەلىپى ئىدى. ئەمما گازارمىنىڭ دەرۋازىسىدا “ئادەم سانى توشۇق” دەپ يېزىلغان تاختاي ئېسىقلىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ ھىتلېر، ئىككىنچى تەلىپى بولغان باۋارىيە بىرىنچى پىيادىلەر بېرگادىسىغا قوبۇل قىلىنىدۇ.
شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ مۇنداق ئىككى مۇھىم ئىشى ھەل بولۇپ كېتىدۇ: بىرىنچى ئىشى، ئەمدى ئۇ ئىچ-ئىچىدىن ئۆچمەنلىك قىلىپ كېلىۋاتقان ئاۋسترىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە قاتنىشىشتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى. ئىككىنچى ئىشى بولسا، ئەمدى ئۇ يەنە بىر قىشنى ئۆتكۈزىمەن دەپ جاپالىق ئىشلەپ يۈرۈشتىنمۇ قۇتۇلغان ئىدى. ھىتلېر تويغۇدەك تاماق، يېتەرلىك كىيىم، خاتىرجەم تۇرالغۇغا ئېرىشىپ، تۇرمۇشى خاتىرجەم، ھاياتىمۇ بىر غايىگە ئىگە بولغان ئىدى. بۇندىن كېيىن ھىتلېر ھەممىدىن گۇمانلىنىپ يۈرمەيدىغان، ھاياتى بويىچە قايسى يولدا مېڭىشى ئېنىق بەلگىلەنگەن، نېمە ئىش قىلىشى ئېنىق ھالغا كەلگەن ئىدى. يەنى ئۇ ھەربىي كىيىم ئىچىدە ئىدى. ئەمدىكى ئۇنىڭ غېمى، ئالدىنقى سەپكە بارماي تۇرۇپلا ئۇرۇش تۈگەپ كەتمىسە بولاتتى دېيىشتىلا قالغان ئىدى.
بىر قانچە كۈندىن كېيىن ھىتلېرنى باۋارىيە ئىككىنچى پىيادىلەر بېرىگادىسىغا ئالماشتۇرىدۇ. بۇ بېرگادا ئېلىزابېت مەيدانىدىكى چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى مەكتەپتە ئادەتتىكى ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئىشىنى باشلىۋېتىدۇ. بۇ قېتىمقى مەشىق ۋاقتى بەكلا قىسقا بولسىمۇ تەلىم تەربىيىلەر بەكلا چىڭ تۇتۇلۇپ، مەشكە دەسسەش مەشىقىدىن باشقا نەيزە مەشىقىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ يېڭى ئەسكەرلەر ئەتىگەندىن كەچكىچە مەشىق قىلىپ ئاخشىمى ھېرىپ ئارانلا ياتىقىغا ئۈلگۈرەلەيتتى. بىر ھەپتە مەشىقتىن كېيىن، ھىتلېر رەسمىي تۈردە باۋارىيە 16-پىيادىلەر بېرىگادىسىغا تەقسىم قىلىنىدۇ. ئادولف، ميۇنخېندا تۇرۇپ يەنە بىر مەزگىل مەشىق قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى مەشىقلەر بۇرۇنقىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ چىڭ تۇتۇلغان ئىدى. قىسىمدا خانس مېند ئىسىملىك بىر سەپدىشى، “ئادولف بىرىنچى قېتىم قولىغا قورالنى ئالغىنىدا خۇددى قىزلار زىننەت بويىمىنى كۆزەتكىنىدەك مىلتىقىنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ ئىنچىكىلىك بىلەن سەپ سېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۈلگۈم كېلىپ كەتتى” دەيدۇ.

2
ھىتلېر 7-ئۆكتەبىر كۈنى پوپ ئەر-خوتۇنغا، تۇرۇۋاتقان ھەربىي قىسمىنىڭ ميۇنخېندىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ، ئۆي خوجايىنى ئەپەندىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە، ئەگەر جەڭدە ئۆلۈپ كەتسەم سىڭلىمغا خەت يېزىپ خەۋەر قىلىپ قويارسىز، بەلكىم ئۇ يوق ھېسابىدا بولسىمۇ بەزى نەرسىلىرىمنى خاتىرە ئۈچۈن ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئېلىشنى خالىمىسا سىزلەردە قالسۇن دەپ ئۆتۈنىدۇ. ھىتلېر ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىككى بالىسىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ خوشلىشىۋاتقىنىدا، پوپ خانىم ئۆزىنى تۈتىۋالالماي رەسىمىلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىدۇ. ئۇلار قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، ھىتلېر كەينىگە بۇرۇلۇپلا “خۇددى بۇ يەردىن قېچىپ كېتىۋاتقاندەك” يۈگۈرگىنىچە كېتىپ قالىدۇ. ئەتىسى، پىيادىلەر خانلىق مۇھاپىزەتچىلەر بېرىگادا گازارمىسىغا بېرىپ داغدۇغىلىق سەپەرگە ئاتلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. ئەسكەرلەر ئۈچىنچى لۇدۋىگ ئالدىدا ئۇنىڭغا ۋە گېرمانىيە پادىشاھى ۋىلھېلمغا ساداقەت قەسىمى قىلىشىدۇ. ئاندىن، ھىتلېر بىلەن بىرگە بىر قانچە ئاۋسترىيەلىك ئەسكەر ئايرىلىپ ئۆز پادىشاھى بولغان ئاۋسترىيە خانى فرانز جوزېفقا ساداقەت قەسىمى قىلىشىدۇ. ھىتلېرنىڭ شۇ قېتىمقى خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان مۇراسىمدىكى تەسىراتى توغرىلىق بار بولغان بىردىن-بىر خاتىرىگە قارىغاندا، ھىتلېر سەپداشلىرىغا مۇنداق دېگەن:59 “8-ئۆكتەبىر كۈنىنى ھەرگىز ئۇنىتالمايمەن، چۈنكى، مەن شۇ كۈنى ئىككى تال قاتلىما نان، شۇنىڭدەك يەنە مەززىلىك چۈشلۈك تاماق يېيەلىگەن ئىدىم. يەنى شۇ قېتىملىق چۈشلۈك تاماقتا مەززە قىلىپ توڭگۇز گۆش قوردىقى بىلەن قۇمچامغۇرلۇق سالات يېيەلىگەن ئىدىم.”
ئەتىسى سەھەردە، پىيادىلەر قىسىمى ميۇنخېندىن ئاتلىنىپ، 40 كىلومېتىر يىراقتىكى لېخفېلد گازارمىسىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئەسكەرلەر يۈك-تاقلىرىنى ئۆشنىسىگە ئېلىپ، ئون بىر سائەتلىك جاپالىق ھەربىي يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ ھەربىي يۈرۈشتە چېلەكتە قويغاندەك شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇردا ئاساسەن پاتقاق كېچىپ پىيادە يول يۈرىدۇ. “گازارمىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن بىر ئات ئېغىلىدا ياتتىم. — دەپ يازىدۇ ئادولف، پوپ خانىمىغا يازغان خېتىدە، — كىيىم-كېچەكلىرىمىز چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەچكە كۆزۈمگە پەقەتلا ئۇيقۇ كەلمىدى.” دەپ يازىدۇ. ئەتىسى يەكشەنبە ئىدى. ئۇلار يەنە 13 سائەتلىك جىددىي ھەربىي يۈرۈش قىلىپ ئاخشىمى ئوچۇق دالادا چۈشكۈن قىلىدۇ. ھاۋا سوغۇق بولغاچقا ئەسكەرلەر يەنە بىر كېچىنى ئۇخلىيالماي تاڭ ئاتقۇزىدۇ. ئۇلار دۈشەنبە چۈشتىن كېيىنلا ئاخىرقى نىشانغا يېتىپ بارالايدۇ. گەرچە ئەسكەرلەر ھارغىنلىقتىن تۇرغان يېرىدىلا يېتىپ قالغۇدەك ھالدا بولسىمۇ، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان فرانسۇز ئەسىرلىرى ئالدىدا ئۆزلىرىنى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن مەغرۇر قەدەملەر بىلەن گازارمىغا كىرىپ كېتىشىدۇ.
بۇ گازارمىدا ئۆتكۈزگەن دەسلەپكى بەش كۈن، ئۇنىڭ كۆرگەن ئەڭ جاپالىق كۈنلىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى. “بەكلا ئۇزۇن مەشىق قىلدۇق. ئاخشىمى بېرىگادىنىڭ مەشىق قىلىشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن يەنە ھەربىي يۈرۈشى قىلاتتۇق.” 16- پىيادىلەر قىسىمى باشقا بىر پولك بىلەن بىرگە يېڭى بىر بېرىگادا بولۇپ تۈزۈلىدۇ. بۇ تۈر مەشىقلەر ئەسلىدە بىرلىشىشنىڭ تەييارلىق باسقۇچى ئىدى. يېڭى ئەسكەرلەر تولا مەشىق قىلىپ چارچاپ ھالىدىن كەتكۈدەك ھېرىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھىتلېر 20-ئۆكتەبىر كۈنىگە كەلگىنىدىلا بوش ۋاقىت چىقىرىپ پوپ خانىمغا خەت يازالايدۇ. ئۇ خېتىدە “بىز بۈ ئاخشام ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىدىغان بولدۇق، … بۇنىڭدىن شۇنداق خۇشالمەنكى، خۇشاللىقىمدىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتىم، … مەن سىزگە نىشانغا بارا-بارمايلا قايتا خەت يازىمەن. شۇ چاغدا ئادرېسىمنى سىزگە ئۇقتۇراي. شۇ يۈرۈشىمىز بىلەن ئەنگلىيەگىچە بارالىشىمىزنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم” دەپ يازىدۇ. شۇ ئاخشىمى بۇ يېڭى ئەسكەرلەر پويىز بىلەن يولغا چىقىدۇ. ئاۋسترىيەلىك كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەر ئادولف ھىتلېرمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا گېرمانىيە ئۈچۈن جەڭ قىلىش سەپىرىگە ئاتلانغان ئىدى.
ئادولف بىلەن سەپداشلىرى پويىز ئارقىلىق يولغا چىقىۋاتقىنىدا، پولكنىڭ بىر لىتېنانتى، كەسپى ھەربىي فرىتز ۋيېدېمان يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ ھاياجانغا تولغان بۇ ھالىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالىدۇ. بۇ پولكنىڭ پولكوۋنىكى ئۇزۇن يىل مابەينىدە ھەربىي سەپتە بولۇپ باقمىغان بىرى بولغاچقا، ھەرقايسى روتىلار زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك ئالدىراشلىقتا ھەربىي تەلىم ئالغان ساپلا يېڭى ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. پولكتا پىلىموتنىڭمۇ تايىنى يوق، قىسىمنىڭ تېلېفونلىرىمۇ بۇرۇنقى نيۇرىمبېرگ شىركەتلىرىدىن بىرىنىڭ ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ياسىغان كونا تېلېفونلار ئىدى. ھەتتا ئەسكەرلەرنىڭ مىس قالپاقلىرىمۇ يوق ئىدى. ئۇلارغا ئالدىنقى سەپتە كېيىشىگە كىليونكا شەپكىلا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىياپىتى خۇددى 1812~1813-يىللاردىكى ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان پىدائىيلارغىلا ئوخشايتتى. بۇ بېرىگادىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ قىزغىنلىقى ئۇلارنىڭ قورال-ياراغ ۋە ھەربىي تەلىم-تەربىيىدىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆمۈۋەتكەندەك قىلاتتى. ۋاگونلار بېكەتتىن قوزغىلىپ مېڭىشىغا ئەسكەرلەر خۇشاللىقىدىن كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن ناخشا توۋلاشقىنىچە خۇددى ھەشەمەتلىك كەچلىك زىياپەت مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندەك خۇشال ئىدى. ئۇلار قەھرىمانلارچە جەڭ قىلساق ئۇرۇش بىر قانچە ھەپتىگە قالمايلا ئاخىرلىشىپ يېڭى يىل بايرىمىدىن بۇرۇن غەلىبە بىلەن ئۆيلىرىمىزگە قايتىمىز دەپ ئويلىسا كېرەك؟ ئەسكەرلەرنىڭ بۇ ئۈمىدۋارلىقىغا گەپ كەتمەيتتى.
گۇگۇم چۈشىشى بىلەن تەڭ، ھىتلېر ئولتۇرغان پويىز رېيىن دەرياسى بويىغا يېتىپ كېلىپ دەريا بويلاپ تولغىنىپ يولىنى داۋام قىلىدۇ. باۋارىيەلىك ئەسكەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى رېيىن دەرياسىنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئەتىگەن سەھەردە تۇمانلار ئىچىدىن شەپەق كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا نيېدېرۋالدتا گېرمان ئىمپېرىيىسىنىڭ زەپىرىنى خاتىرىلەپ تىكلەنگەن ھەيۋەتلىك خاتىرە مۇنارى تۇيۇقسىزلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ كېلىدۇ. ۋاگونلاردىكى بارلىق ئەسكەرلەر بۇ خاتىرە مۇنارىسىنى كۆرۈشى ھامان ئۆزلۈكىدىنلا «رېيىن قوغدىغۇچىلىرى» مارشىنى باشلىۋېتىدۇ. شۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ كېلىپ ھىتلېر مۇنداق دەيدۇ: “شۇ چاغدا يۈرىكىم خۇشاللىقتىن قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك گۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتكەنلىكىنىلا ئەسلىيەلەيمەن.”
ئارىدىن سەككىز كۈن ئۆتكەندە، ھىتلېر تۇرۇۋاتقان رۇتا يىپرېس ئەتراپىدىكى جەڭگە قاتنىشىدۇ.60 ئەسكەرلەر ئەتىگەنلىك قويۇق تۇمانغا قارىماي قورشاۋدا قالغان قىسىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جەڭ مەيدانىغا يېتىپ كەلگىنىدە ئەنگلىيە قوشۇنلىرى بىلەن بېلگىيە قوشۇنلىرىنىڭ سىنارىيەت ئوقلىرى ئۇدۇلدىكى ئورمانلىق ئىچىدە گۈمبۈرلەپ پارتلاپ تۇراتتى. “شۇ چاغدا، كەينى كەينىدىن ئېتىلىۋاتقان توپ ئوقلىرى ئۈستىمىزدىن غۇيۇلداپ ئۆتكىنىچە ئورمانلىق ئېتىراپىغا چۈشۈپ پارتلىماقتا، دەرەخلەر خۇددى بىر تۇتام ئوتقا ئوخشاش تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ ئۆرۈلۈپ چۈشمەكتە ئىدى.” ھىتلېر، ميۇنخېنلىق ياردەمچى سودىيە تۆنىشى ئېرنست خېپقا يازغان خېتىدە مۇنداق دەيدۇ: “بىز ئاكوپلاردا بۇ مەنزىرىنى ھەيرانلىق ئىچىدە تاماشا قىلىپ ياتاتتۇق. بىز ئۇ ۋاقىتلاردا قانچىلىك ئېغىر خەتەر ئىچىدە تۇرغانلىقىمىزنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەيتتۇق. شۇڭا ھېچقايسىمىزدا قورقۇش دېگەن نەرسە يوق ئىدى. ھەممىمىز ’ئاتاكا‘ دېگەن بۇيرۇقنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ ياتاتتۇق. … بىز ئۈزۈم باراڭلىرى بىلەن توسالغان ئورمانلىق بىر يەرگە تارقىلىپ جايلاشقان ئىدۇق. بېشىمىزدىن غۇيۇلداپ توپ ئوقلىرى ئۇچۇپ ئۆتۈپ تۇراتتى. ئەتراپىمىزنى توپ ئوقىدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن دەرەخ ۋە شاخ-شۇمبىلار قاپلاپ كەتكەن ئىدى. تۇيۇقسىزلا توپ ئوقلىرى ئورمانلىقنى بويلاپ پارتلاپ پۈتۈن ئەتىراپنى ئىس-تۈتەك قاپلاپ كەتتى، تاش-توپىلار ھەر تەرەپكە چاچرايتتى، شۇنچە يۇغان قېرى دەرەخلەر تۈپ-يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ ئۆرۈلۈپ چۈشمەكتە. بىز ئاكوپلاردا يەرگە چاپلىشىپ يېتىپ بۇيرۇق كۈتۈشكە زادىلا تاقىتىمىز قالمىغان ئىدى، ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈشنى خالايتتۇق.”
ئاخىرى، نېمىس قوشۇنلىرى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. “بىز ئۇدا تۆت قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولساقمۇ بولمىدى. ھەر قېتىمدا چېكىندۈرۈلدۇق. بىزنىڭ رۇتىدىكى ئەسكەرلەر بىر-بىرلەپ يېقىلىپ، ئاخىرى مەن ۋە يەنە بىر سەپدىشىملا ساق قالدۇق. كېيىن ئۇ ھەمراھىممۇ يېقىلىپ چۈشتى. بىر پاي ئوق كېلىپ مېنىڭ ئوڭ يېڭىمنى تېشىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما ماڭا بىر نېمە بولمىدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر مۆجىزە. كېيىن بىز بەشىنچى قېتىملىق ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئورمان بويلىرى بىلەن كەنت مەھەللىسىنى بېسىۋالدۇق.”
بۇ جەڭ ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ. پولك كوماندىرى ئۇرۇشتا قۇربان بولىدۇ. پودپولكوۋنىك مۇئاۋىن پولك كوماندىرى ئېغىر يارىلىنىدۇ. ھىتلېر بۇ چاغدا پولك شتابىنىڭ ئالاقىچىلىقىغا تاللانغان ئىدى. ئۇ شىددەتلىك توپ ئوقى ئارىسىدا ئۇ ئازگالدىن بۇ ئازگالغا، ئۇ ئاكوپتىن بۇ ئاكوپقا سەكرەپ يۈرۈپ ھەربىي دوختۇردىن بىرنى تېپىپ كېلىدۇ، ئۇ ئىككىسى بىرلىشىپ مۇئاۋىن پولك كوماندىرىنى جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتى بار يەرگە سۆرەپ كېلىۋالىدۇ. ھىتلېرنىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا، يانۋار ئوتتۇرىلىرىدا 16-پىيادىلەر بېرگادىسىدا ئارانلا 30 نەپەر ئوفىتسېر ساق قالغان بولۇپ، ئەسكەرلەردىنمۇ 7 يۈزدىن ئازى ساق قالغان. يەنى ساق قالغان ئەسكەر سانى بېرگادىنىڭ ئاران بەشتە بىرىگە تەڭ بولسىمۇ ھۇجۇمغا ئۆتۈش بۇيرۇقى توختىماي كېلىپ تۇراتتىكەن. يېڭى پولك كوماندىرى پودپولكوۋنىك ئېنگېلھارد، ھىتلېر بىلەن يەنە بىر ئەسكەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئالدىنقى سەپكە كېلىپ دۈشمەن پوزىتسىيىلىرىنى كۆزىتىۋاتقىنىدا دۈشمەن تەرەپ سېزىپ قېلىپ يامغۇردەك پىلىموت ئوقىغا تۇتىۋېتىدۇ. ئىككى ئەسكەر پولك كوماندىرىنىڭ يېنىغا ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى خەندەك ئىچىگە تارتىپ چۈشۈرۈۋالىدۇ. ئېنگېلھارد بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي بۇ ئىككى ئەسكەرنىڭ قولىنى ھاياجان بىلەن سىقىپ قويىدۇ. پولك كوماندىرى ئۇلار ئىككىسىگە قارا كرېست مېدالى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئەتىسى چۈشتىن كېيىن، باشقىلار بىلەن مېدال مۇكاپاتى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشىۋاتقان پەيتتە ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ئاتقان توپ ئوقلىرىدىن بىرى پولك شتابى جايلاشقان چېدىرنىڭ نەق ئۈستىگە چۈشۈپ پارتلايدۇ. ئۈچ نەپەر كىشى شۇ ھامان جان بېرىدۇ. پولك كوماندىرى بىلەن قالغان كىشىلەر ئېغىر يارىدارلىنىدۇ. شۇنىڭدىن بىر قانچە مىنۇت ئاۋۋال، تۆت نەپەر رۇتا كوماندىرى يىغىنغا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھىتلېر بىلەن يەنە ئۈچ نەپەر ئەسكەر ئۇلارنى تېپىپ كېلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋېلىپ شتاب جايلاشقان بۇ چېدىردىن چىقىپ كەتكەن، ھىتلېرمۇ شۇ باھانىدە ساق قالغان ئىدى. بۇ ۋەقە، ھىتلېرنىڭ نۇرغۇن قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېلىش مۆجىزىلىرىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ. “ئۇ كۈنى ئۆمرۈم بويىچە كۆرگەن ئەڭ قورقۇنچلۇق بىر مەنزىرىنى كۆرگەن ئىدىم. — دەيدۇ ھىتلېر سودىيە دوستىغا يازغان خېتىدە، — بىز ھەممىمىز ئېنگېلھارد پولك كوماندىرىمىزغا خۇددى تەڭرىگە ئىشەنگەندەك ئىشىنەتتۇق.”
نېمىس قوشۇنلىرى يىپرېسنى ئوڭۇشلۇق تۈردە قايتۇرۇپ ئېلىشى بىلەن ھۇجۇممۇ ئاخىرلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇرۇشلار ئاكوپ ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، پولك شتابىدىكى ئادەملەرمۇ خېلىلا ئارام تېپىپ قالىدۇ. شۇ چاغدا، پولك شتابى مېسسىنېس كەنتى يېنىدىكى بىر تىنچ يەرگە يۆتكىلىپ61 ھىتلېرمۇ رەسىم سىزىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ھىتلېر، رەسىم سىزىشقا كېرەكلىك نەرسىلەردىن بىر قىسمىنى يېنىغا سېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ يەردە بىر قانچە پارچە سۇ بوياق رەسىمى سىزىدۇ. رەسىملىرىنىڭ بىرىدە مېسسىنېس كەنتىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇرۇش خارابىلىرى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، يەنە بىرىدە ۋىتشېت كەنتى ئەتراپىدىكى ئاكوپلار تەسۋىرلەنگەن ئىدى. يېڭى پولك كوماندىرىنىڭ ئاديۇتانتى لىتېنات ۋيېدېمان ھىتلېرغا باشقا بىر رەسىم ئىشىنى، يەنى ئوفىتسېرلار ئاشخانىسىنى بوياش (بۇ بىر كىچىك ئۆي بولۇپ، پولك تەرىپىدىن پايدىلىنىشقا ئېلىۋالغان بىر داچا ئىدى) ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ. بۇ تاماقخانىدا بىر پارچە رەسىم بار بولۇپ، رەسىمدە ئۆلگەن بىر ئەسكەر چېگرا سىملىرى ئۈستىدە ئارتىلغان پېتىچە ئۆلۈپ قالغانلىقى رومانتىك بىر شەكىلدە تەسۋىرلەنگەن ئىدى. بۇ رەسىم ئاشخانا مۇھىتىغا پەقەتلا ماس كەلمەيتتى. شۇڭا ۋيېدېمان پولك شتابى ئىچىدىكى خىزمەتچىلەر ئارىسىدىن بوياقچىلىق قىلالايدىغان بىرىنى تېپىپ كېلىشى ئۈچۈن ماكس ئامان ئون بېشى (سېرژانت) غا بۇيرۇق قىلغان، بۇ ئون بېشىمۇ بۇ ئىشقا ھىتلېر ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قاراپ ئۇنى چاقىرىپ كەلگەن ئىدى. ۋيېدېمان، بۇ ئاشخانا ئۆيىنى زەڭگەر رەڭدە بوياش كېرەكمۇ ياكى قىزىل رەڭدە بويىغان ياخشىمۇ دەپ بىر قارارغا كېلەلمەي تۇراتتى. ھىتلېر كۈن نۇرى چۈشۈپ ئۆي ئىچى سۇس قىزىل بولۇپ كۆرۈنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆينى زەڭگەر رەڭدە بوياشنى مەسلىھەت قىلىدۇ. ھىتلېر دەرھال شوتا، بوياق-چۆتكىلارنى تېپىپ ئۆينى بوياشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆي ئاقلىغاچ ۋيېدېمان بىلەن پاراڭغا چۈشىدۇ. “مەن دەسلەپتە ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى پەقەتلا ئەسكەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، شېۋىسىمۇ ئاۋسترىيە شېۋىسى ئىكەنلىكىنى سەزگەن ئىدىم. — دەيدۇ ۋيېدېمان كېيىن ئەسلەپ، — ئەڭ مۇھىمى، ئۇ بەكلا ئەستايىدىل ئىدى. بۇ ئۇنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىگە باي بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى.”
لىتېنات ۋيېدېمان بىلەن سېرژانت ئامان ئىككىسى، ئوردېن بېرىشكە تېگىشلىك بولغان كىشىلەرنىڭ تىزىمىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. ئۇ ئىككىسى ھىتلېرنى بىرىنچى دەرىجىلىك قارا كرېست ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلاشقا كېلىشىدۇ. ئەمما ھىتلېر پولك شتابىغا تەۋە ئەسكەر بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىسمىنى تىزىملىكنىڭ ئەڭ كەينىدە كۆرسىتىشكە توغرا كېلەتتى. شۇ سەۋەبتىن مۇكاپاتلىنىدىغانلار تىزىملىكىدىن يۇقىرىدىن باشلاپ تاللاش ۋاقتىدا ئاخىرىدىكىلەر ئۆزلۈكىدىنلا مۇكاپاتلىنىش تىزىمىدىن چۈشۈپ قىلىپ، ھىتلېر ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوردېن بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغان قاتارغا ئۆتۈپ قالىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ھىتلېر بۇنداق بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن يەنىلا ئىنتايىن خۇشال ئىدى. ئۇ شۇندىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە پوپ خانىمىغا يازغان خېتىدە “بۇ، ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشاللىق پەيتلىرىم. ئەپسۇسكى، ئوردېنغا لايىق سەپداشلىرىمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قۇربان بولۇپ كەتتى. — ھىتلېر بۇ خېتىدە شۇ قېتىمقى ئۇرۇش بايان قىلىنغان گېزىتنى ساقلاپ قويۇشىنى ئۆتۈنىدۇ، — ئەگەر ئۇلۇغ تەڭرىم ماڭا رەھىم قىلىپ ئۆلمەي قايتالىسام، ئۇ گېزىتنى خاتىرە قىلىپ ساقلىۋالماقچىمەن.” ئۇ يەنە ئون بېشىلىققا، يەنى ئوتدېلېنىيە كوماندىر دەرىجىسىگە تەڭ مىلادشىي سېرژانتلىققا ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئايىقىنى مايلاپ قويىدىغان ئەسكەر دەيدىغان پەس كۆرۈلۈشتىنمۇ قۇتۇلۇپ، جەڭچىلەر تەپ تارتىپ ھۆرمەت قىلىدىغان بىرىگە ئايلىنىدۇ.
ميۇنخېندا ھەربىيلىككە قاتناشقىنىدىن بويان، ئەسكەر خانس مېند ھىتلېرنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ميۇنخېندىكى ۋاقتىدا ئادولفنىڭ بەدىنى بەكلا ئاجىز بولۇپ، يۈك سومكىسىنىمۇ تەستە كۆتۈرۈپ ماڭالايدىغان بىرى ئىدى؛ مانا ئەمدى، قولىدا مىلتىق، بېشىدا قىيپاش كىيىۋالغان مىس قالپاق، شاپ بۇرۇت، كۆزلىرى چاقناپ تۇرغان، تىنماي ئۇياق-بۇياققا چېپىپلا يۈرىدىغان رەسمىي ئالدىنقى سەپ جەڭچىسىگە ئايلانغان ئىدى. قالغان ئالاقىچى ئەسكەرلەر ئۇنى قاتتىق ھۆرمەت قىلىشاتتى. ئەمما ئۇلار، ھىتلېرنىڭ ئاۋسترىيەلىك بىر ئەسكەر تۇرۇقلۇق باۋارىيە قوشۇنى ئىچىدە شۇنچە خېيىم خەتەرگە قارىماي چېپىپ يۈرۈشىگە زادىلا ئەقلى يەتمەيتتى. “ئۇ راستىنىلا غەلىتە بىرى، — دەيدۇ ئۇلاردىن بىرى مېندقا، — مېنىڭچە ئۇ باشقىلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈنلا شۇنداق ئاكتىپ ئىشلەپ يۈرسە كېرەك؟ بولمىسا باشقا تەرەپلەردىن خېلى يامان ئەمەس بىرىدەك كۆرۈنىدۇ” دەيدۇ.
گەرچە ئۇ سەپداشلىرىغا ھەر دائىم تاماكا چېكىش زىيانلىق، ھاراق ئىچىش ناچار ئادەت دەپ تىنماي تەنقىدلەپ تۇرغان بولۇشىغا قارىماي كىشىلەر ئۇنى يەنىلا ياخشى كۆرۈپ “ئادى” دەپ چاقىرىشاتتى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئەڭ خەتەرلىك پەيتلەردە ئۇنۇڭچىلىك ئىشەنچلىك باشقا بىرىنىڭ يوقلۇقى ئىدى. ئەگەر بىرەر يارىدارلانغان ئەسكەرگە يولۇقۇپ قالسا ئۇ ئەسكەرنى ھەرگىز ياتقان يېرىدە تاشلاپ قويمايتتى؛ بىرەر خەتەرلىك ۋەزىپە تاپشۇرۇلغىنىدىمۇ ھەرگىز يالغان كېسەل بولۇپ يېتىۋالمايتتى. شۇنىڭدەك يەنە ئۇزۇنغا سوزۇلغان زېرىكىشلىك ئۇرۇش ئارىلىقلىرىدا ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بىر ھەمراھ ھېسابلىناتتى. ئۇ بىر رەسسام بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى ئۆزلىرىگە تېخىمۇ يېقىن ھېس قىلىشاتتى. ئەگەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىرەر كۈلكىلىك ئىشنى ئۇچرىتىپ قالسىلا ئۇ ئىشنى دەرھال ھەجۋىيلەشتۈرۈپ رەسىم قىلىپ سىزىپ چىقاتتى. مەسىلەن، بىر قېتىم قايسى بىر ئەسكەر بىر توشقان ئېتىۋېلىپ يۇرتىغا قايتىشىدا ئۆيىگە ئالغاچ كەتمەكچى بولۇپ سومكىسىغا سېلىۋالغان. ئۆيىگە بېرىپ سومكىسىغا قارىسا توشقاننىڭ ئورنىدا بىر پارچە خىش پارچىسى تۇرغان. بىرى ئۇنىڭ توشقىنىنى ئوغرىلىۋېلىپ ئورنىغا خىش سېلىپ قويغانىكەن. بۇ ۋەقەنى ئۇ ئىككى پارچە ھەجۋىي رەسىم قىلىپ سىزىپ ئۇ سەپدىشىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ.62 رەسىمنىڭ بىرىدە ئۇ ئەسكەر ئۆيىگە بېرىپ سومكىسىنى ئېچىپ قارىسا بىر پارچە خىش تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالغانلىقى، يەنە بىر رەسىمدە بولسا ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئالدىنقى سەپتە مەززە قىلىپ توشقان گۆشى يەۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن ئىدى.
ھىتلېرنىڭ ئەھۋالى باشقا ئەسكەرلەرگە ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭغا باشقا ئەسكەرلەردەك ئۆيىدىن كونسېرۋا دېگەندەك يەيدىغان نەرسە كەلمەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەڭگۈ تويماس ئىشتىھانى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئامال يوق بېرىپ ئاشخانىدا ئاشپەزلەرگە ياردەم قىلىش ھېسابىغا نورمىدىن سىرت بىر نەرسىلەر سېتىۋېلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مەجبۇر ئىدى. شۇڭا ئۇ، پولك بويىچە پېشقەدەم ئاشپەز دېگەن چىرايلىق بىر نامغىمۇ ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادولف باشقىلارنىڭ كونسېرۋالىرىغا ئېغىز تىگىشنىمۇ نومۇس ھېس قىلغاچقا، سەپداشلىرىنىڭ تاماققا تەكلىپ قىلىشلىرىنىمۇ چىرايلىقچە رەت قىلاتتى. بەكىرەك زورلاپ كەتسە، مېنىڭ سىلەرنى مېھمان قىلىپ جاۋاب قايتۇرالىغۇدەك ئىمكانىيىتىم يوق دەپ ئوچۇقىنى ئېيتاتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان لىتېنات ۋيېدېمان ئۇنىڭغا، روژدېستۋو بايرىمىدا تۇرمۇش پۇلىدىن ئون مارك ئايرىپ بېرەيلى دەپ تەكلىپ قىلىۋىدى، ھىتلېر بۇ تەكلىپنىمۇ چىرايلىقچە رەخمەت ئېيتىپ رەت قىلىدۇ.
دەم ئېلىشتىن كېيىن پۈتۈن پولك قايتىدىن ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىدۇ. ئەمما بۇ ئۇرۇشلاردا ھىتلېر پەقەتلا خۇماردىن چىققۇدەك ئۇرۇشقا قاتنىشالماي كەلمەكتە ئىدى. “بىز ھازىرغىچە يەنە شۇ كونا ئاكوپلىرىمىزدا ياتماقتىمىز. ئارىلاپ فىرانسىيە سېپى بىلەن ئەنگلىيە سېپىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپمۇ قويىمىز. — دەپ يازىدۇ ھىتلېر 1915-يىلى 22-يانۋاردا پوپ خانىمغا سالغان خېتىدە، — ھاۋا بەكلا ناچارلىشىپ كەتتى. ئادەتتە دۈشمەن توپ ئوقى زەربىسىدىن ئۆزىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن يامغۇر سۈيى بىلەن تولغان ئاكوپلاردا نەچچە كۈنلەپ بېشىمىزنىمۇ چىقىرالماي يېتىپ كېتىمىز. بىز يەنە بىر قانچە كۈن نەپەس ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشنى ھەمدە يېقىن كۈنلەردە پۈتۈن سەپ بويىچە قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈمىدى بىلەن كۈتۈپ ياتتۇق. بۇ ئۇرۇش بۇنداق تۇرغۇنلۇقتا كېتىۋەرمەسلىكى كېرەكتە!”
ئەنە شۇنداق تىركىشىش جېڭى بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئاق يۇڭلۇق كىچىك بىر كۈچۈك (شۈبھىسىزكى، بۇ ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ئېلىپ كەلگەن ئېسىل سورتلۇق بىر سوۋغات ئىدى) توشقان قوغلاپ يۈرۈپ ھىتلېر تۇرغان ئاكوپقا سەكرەپ چۈشۈپ قالىدۇ. ھىتلېر بۇ كۈچۈكنى تۇتۇۋېلىپ باقىدۇ. دەسلىپىدە بۇ كۈچۈك قاچىمەن دەپلا تۇرىۋالاتتى. “مەن ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيىلەشكە كىرىشتىم. (بۇ كۈچۈك نېمىسچە بىلمەيتتى، ئەلىۋەتتە) ئۇ ئاخىرى ئاستا-ئاستا ماڭا كۆنۈشكە باشلىدى.” ھىتلېر ئۇنىڭغا “فۇشل — تۈلكىچاق” دەپ ئات قويۇۋالىدۇ. ئۇ يەنە بۇ كۈچۈككە شوتىغا چىقىش دېگەندەك ئويۇنلارنى ئۆگىتىدۇ. كۈندۈزلىرى بۇ “تۈلكىچاق” ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي كەينىدىلا يۈرەتتى؛ ئاخشىمى قولتۇقىغا كىرىۋېلىپ خورۇلداپ ئۇخلاپ كېتەتتى.
ھىتلېر، يانىۋارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەر-خوتۇن پوپلارغا يەنە بىر پارچە خەت يېزىپ، تىركىشىش ئەھۋاللىرىنى ئىنتايىن جانلىق شەكىلدە نەق سۈرەتلەپ بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ تەسۋىرى پاجىئەلىك ئۇرۇش مەنزىرە تەسۋىرىلا ئىدى:
… يامغۇر توختىماي يېغىپ تۇرغاچقا (بۇ يىل قىش بولمامدىكىن تاڭ؟)، شۇنىڭدەك ئۇرۇش مەيدانى دېڭىزغا يېقىن، چوڭقۇر بىر يەر بولغاچقا، بۇ يەرلەر خۇددى تېگى يوق سازلىقتەكلا بىلىنەتتى. كوچىلار مىلىچلاپ تۇرغان چوڭقۇر پاتقاقلىق، پىيادىلەرنىڭ ئاكوپلىرى، يوشۇرۇنۇش يەرلىرى، توپ-زەمبىرەك پوزىتسىيىلىرى، ئۆتۈشمە يوللىرى ۋە تىكەنلىك سىم توسۇقلىرى، بۆرە ئىنلىرى، مىنا كۆمۈلگەن يەرلەر، … ھەممىلا يەر پاتقاقلىق. بۇ ئۇرۇش سېپى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا ئاجايىپ بىر فرونت ئىدى.
فېۋرالدا ئۇ سودىيە تونۇشى خېپقا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ جەڭ قىلىش جەريانىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. قىزىق يېرى، ھىتلېر بۇ خېتىنىڭ ئاخىرىدا سىياسىي ئىشلار ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتكەن ئىدى:
بۇ كۈنلەردە پات-پاتلا مىيونخېننى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم. كاللامدا بىرلا ئىش بار ئىدى: بىز ئۇ يەردىكى مەلئۇنلاردىن چوقۇم ھېساب ئېلىشىمىز، ھەر قانچە بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلسىمۇ ئۇلار بىلەن ئېلىشىشىمىز كېرەك. ئارىمىزدىكىلەردىن تەلىيى كېلىپ يۇرتىغا قايتالايدىغانلار بولغىنىدا يۇرتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ پاكىز كۆرۈنۈشتە بولىشىنى، چەتئەل تەسىرى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلانغان بولىشىنى كۆرەلىشى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئادەملەر بۇ يەردە قۇربان بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى،63 يارىدار بولىۋاتقانلىقى، ئازاپ چېكىۋاتقانلىقى، خەلقئارا دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى قانلىرىنى دەريا بولۇپ ئېقىتقانلىقىغا ئەرزىيدىغان، گېرمانىيىنىڭ تاشقى دۇنيادىكى نومۇسىنى يۇيۇپ تاشللىغىلى، ھەمدە ۋەتەن ئىچىدىكى ئىنتېرناتسئونالىستچىلارغىمۇ قاتتىق زەربە بېرەلىگەن ھېسابلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
ھەر قېتىم بىرەرسى ئۇنىڭدىن، سەن نەلىك دەپ سوراپ قالسا، ھىتلېر قىلچە تەمتىرىمەي، مەن ئاۋۇسترىيەلىك ئەمەسمەن، مېنىڭ يۇرتۇم 16-بېرىگادا، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ميۇنخېندا تۇرۇپ قالىمەن دەپ جاۋاب بېرەتتى. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاۋال بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشى شەرت ئىدى! بۇ نۇقتىغا كەلگەندە ئۇ بەكلا تەرسا ئىدى: ئەگەر بىرەرسى چاخچاق قىلىپ بولسىمۇ، بۇ ئۇرۇشتا بىز ھەرگىز يېڭەلمەيمىز دەپ سالسا، ھىتلېر غەزىۋىدىن يېرىلىپ كەتكىدەك بولۇپ ئالدى-كەينىگە مېڭىپ كېتەتتى: “ئەنگلىيە چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ! بۇ ئىش، دۇئا قىلغىنىمىزدا ’ئامېىن‘ دېگەندەكلا ئاسان ئىش” دەپ قايناپ كېتەتتى.
سەپداشلار ئوتتۇرىسىدا يىمەك-ئىچمەك بىلەن خوتۇن خەق ئۈستىدە گەپ باشلىنىپ قالغىدەك بولسا، ئادولف ئۇلارغا قۇلاق سالماي كىتاب ئوقۇشقا كىرىشىپ كېتەتتى ياكى رەسىم سىزىپ ئولتۇرىۋالاتتى. ئەمما گەپ رەسمى سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىگە كېلىشى ھامان قولىدىكى ئىشىنى تاشلاپ قاتارغا قوشۇلۇپ قايناپ سۆزلەپ كېتەتتى. ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ساۋاتسىز ئاددى كىشىلەر بولغاچقا ئۇنىڭ تىنماي سۆزلەشلىرىگە كۆزلىرىنى مۆلدۈرلەتكىنىچە قاراپ مۆڭدەك ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىشاتتى. ئۇلار ھىتلېرنىڭ سەنئەت ھەققىدە، بىناكارلىق ھەققىدە سۇدەك راۋان سۆزلەپ كېتىشلىرىنى ياخشى كۆرەتتى. “ئۇ دائىم دېگىدەك بىرەر كىتابقا تىكىلگىنىچە قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەچكە،” كىشىلەر ئۇنى بىر زىيالى ئىكەن دەپ ئويلايتتى. ئۇنىڭ سومكىسىدا ھەر ۋاقىت بىر قانچە پارچە كىتاب تېپىلاتتى. ئۇ كىتابلىرى ئارىسىدا ئارتۇر شوپېنخاۋئېرنىڭ كىتابىمۇ بار ئىدى (“مەن ئۇنىڭدىن بەكلا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم” دەيدۇ ھىتلېر). بۇ پەيلاسوپ قايتا-قايتا تەكىتلەپ ئوتتۇرىغا قويغان قارام كۈچىنى، بۇنداق كۈچنىڭ چوقۇم غەلىبىگە يېتەكلەيدىغان كۈچ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى قاتتىق تەسىر قىلغان بولىشى مۇمكىن.
1915-يىلى ياز ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدا ھىتلېر پولك شىتابىنىڭ كام بولسا بولمايدىغان ئادىمىگە ئايلىنىدۇ. ھەر قايسى باتالىيون-روتىلار بىلەن شىتاپنى باغلاپ تۇرىدىغان تېلېفون سىملىرى دۈشمەن توپ ئوقىدا پات-پاتلا ئۈزۈلۈپ تۇرغاچقا ئالاقىچىلارغا تايىنىپ خەۋەر يەتكۈزشكە مەجبۇر ئىدى. “بىز پاتلا شۇنى ھېس قىلدۇقكى، — دەيدۇ لېتىنات ۋيېدېمان ئەسلەپ، — پەقەت ئادولفلا ئەڭ ئىشەنچىلىك ئالاقىچىمىز ئىدى.” (1935-يىلى، فرىز ۋيېدېمان ھىتلېرنىڭ ئاديۇتانتى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە، داھىسىنىڭ، يەنى فۈھرېرىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە قارشى چىققىنى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ۋيېدېمان كېيىن يازغان كىتابىدا، ھىتلېر شۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئەسلىمىلىرىنى پەقەتلا ئۇنۇتمىغان ئىدى، ئۇ، بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلىگىنىدە كۆپتۈرۈپ ياكى يوشۇرۇپ يالغان سۆزلىگىنىنى بىرەر قېتىممۇ ئاڭلىمىدىم، دەيدۇ — ئا. ھ. ئى) قالغان ئالاقىچىلارمۇ ئۇنىڭ زىرەكلىكى بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى جاسارىتىغا تولۇق قايىل ئىدى. يەنى، ئادولف خۇددى بالا ۋاقتىدا ئوقىغان ھىندىيانلار ھەققىدىكى ھىكايىلاردىكىدەك چەبدەسلىك بىلەن ئالدىنقى سەپلەرگە قوقماي ئۆمىلەپ بارالايتتى. ئەمما ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بار بەزى نەرسىلەر باشقا ئەسكەرلەرنى ئەنسىرەتىپ تۇراتتى. ئۇ باشقىلارغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ مەسئولىيەتچانلىقى بەكلا كۈچلۈك ئىدى. “خەۋەرنى جايىغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى بەكلا مۇھىم بىر ۋەزىپە، — دەيدۇ بىر قېتىم باشقا بىر ئالاقىچىىنى تەنقىدلەپ، — شەخسى قەھرىمانلىقىڭدىن ياكى قىزىقىشىڭدىنمۇ مۇھىم!” ئۇ ھەر دائىم ئالدىنقى سەپكە بېرىشقا ئىنتىلىپلا تۇراتتى. ئۇ، دائىم دېگىدەك باشقىلار ئۈچۈنمۇ خەۋەر يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۈستىگە ئېلىۋالاتتى.
6~7-ئايلاردا ئۇرۇش سۈرئىتى تېزلىشىپ، خەۋەر يەتكۈزۈش ئىشلرىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ. بۇنداق جىددىچىلىك ھىتلېرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ چىرايى ساغرىپ ئۇرۇغلاپلا كەتكەن ئىدى. ھەر كۈنى تاڭ يۇرىماي تۇرۇپلا ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ توپقا تۇتىشى بىلەن تەڭ ئورنىدىن چاچىراپ تۇرغىنىچە گازارما ئىچىدە قولىغا قورالىنى ئېلىپ ئالدى-كەينىگە ماڭغىنىچە يۈگىرەشكە تەييار تۇرغان ئارغىماقتەك جىم تۇرالمايلا قالاتتى. ئاندىن ئۇ ھەممىنى بىر-بىرلەپ ۋارقىراپ ئويغۇتاتتى. ئەسكەرلەرنىڭ لايغەزەللىكىگە پەقەتلا چىدىمايتتى. ئەگەر بىرەرسى تويغىدەك تاماق بېرىلمىدى دەپ قاخشىغىدەك بولىدىكەن، بۇ ئەسكەرگە: “1870-يىلقى جەڭدە فرانسۇز ئەسكەرلىرى يەيدىغان نەرسىسى يوق چاشقان تۇتۇپ يېگەن ئىكەن!” دەپ شۇ ھامات رەددىيە بېرەتتى.
25-سىنتەبىر كۈنى ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ھۇجۇمنى كۈچەيتىدۇ. ئاخشىمى گۈگۈم ۋاقتىدا 16-بېرگادا پۈتۈن سەپ بويىچە قاتتىق تۇرۇپ تىركىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئالدىنقى سەپ بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.64 ھىتلېر بىلەن يەنە بىر ئالاقىچى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. ئۇ ئىككىسى ساق قايتىپ كېلىپ تېلېفون سىمىنىڭ پارتلاشتا ئۈزۈلگەنلىكىنى دوكلاد قىلىدۇ. دۈشمەن تەرەپنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقى ئۈچۈن ھىتلېرنى ئالدىنقى سەپكە رادىئو كانىيى ئارقىلىق ھەر قايسى قىسىملارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا ئىۋەرتىدۇ. ئۇ، بۇ ۋەزىپىنىمۇ غەلىبىلىك ئورۇنداپ شۇنچە كۈچلۈك دۈشمەن توپ ئوقىدىن يەنە بىر قېتىم ساق قۇتۇلۇپ كېلىدۇ.
ھىتلېر ئۆتكەن بىر قانچە ئاي ئىچىدە كۆپ قېتىم ئۆلۈم بوسوغىسىغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ، بىر تۈردە ساق قۇتۇلۇپ چىقالىغان ئىدى. ئۇنى قانداقتۇ بىر پەرىشتە ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ كېلىۋاتقاندەكلا بىلىنەتتى. ھىتلېر “بىر قېتىم، ئاكوپتا بىر قانچە سەپدىشىم بىلەن تاماق يەپ ئولتۇراتتىم، — دەيدۇ ئەنگلىيەلىك مۇخبىر ۋارد پرىسقا خېلى يىللاردىن كېيىن ئەسلەپ، — تۇيۇقسىز بىرسى قۇلىقىمغا چاققان بول، دەرھال نېرىغا يۆتكىلىۋال! دەپ ۋارقىرىغاندەكلا بىلىندى. قۇلىقىمغا ئاڭلانغان بۇ ئاۋاز بەكلا ئېنىق، خۇددى قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدىلا جاراڭلىغاندەك ئىدى. مەنمۇ بۇ ئاۋازنى خۇددى بىر ھەربىي بۇيرۇقنى قوبۇل قىلغاندەك دەرھال قوبۇل قىلىپ ئىختىيارسىز ئورنۇمدىن يۆتكىلىپ نېرىراق بىر يەرگە بېرىپ ئولتۇرىۋالدىم. يەنى شۇ چاغدا قولۇمدا تاماق قۇتىسى، ئىتىك ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاكوپ ئىچىدە يىگىرمە قەدەمدەك نېرىغا يۆتكىلىپ ئولتۇرۇپ قايتا تاماق يېيىشكە كىرىشتىم. كۆڭلۈممۈ خېلىلا ئارام تېپىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. ئەمما مەن ئەندىلا تاماققا قوشۇق سېلىپ تۇرىشىمغا كۆز ئالدىمدا بىر ئوت ئۇچقۇنى چاقنىغاندەك بولۇپ، بايا ئولتۇرغان يېرىمگە بىر بومبا چۈشۈپ قۇلاقنى يارغىدەك گۈلدۈرلەپ پارتلىدى. ئۇ يەردە قالغان سەپداشلىرىمنىڭ ھەممىسى تىتما-تىتما بولۇپ بىرىمۇ ساق قالماي ئۆلۈپ كەتتى.”
بەلكىم ئۇ ۋاقىتلار ئالدىن كۆرەلەيدىغان، ئالدىن ھېس قىلالايدىغان تۇيغىلىرى ئۇيغانغان ۋاقىتلىرى بولسا كېرەك؟ شۇ يىلى كۈز ئايلىرىنىڭ بىر ئاخشىمى، پۈتۈن ئەتىراپنى قۇيۇق تۇمان قاپلاپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا ئۇ بىر شىئېر يېزىپ چىقىدۇ. شۇ پەيتتىمۇ ھىتلېر ئۆز تەغدىرىنىڭ قانداق بولىشىنى ھېس قىلغاندەك ئىدى:
ھەر قېتىم زىمىستان قىش يېتىپ كەلگەندە،
تىپ-تىنىچ ساسلىقتىكى دەرەخ تۈۋىدە،
دوب تۈۋىدە يالغۇز ئولتۇرىمەن.
قاراڭغۇ كۈچلىرىدىن ھەممىنىڭ ئىرادىسى پولات ئىستىھكام بولۇپ چىڭىپ،
ئاي شولىسى شەپىسى شىمالى ياۋروپا قەۋرىلىرىنى قاتۇرماقتا،
كۈندۈزلىرى بولىشىچە كۆڭۈل ئاچقانلار،
كېچىلىرى سىھىرلىك ۋەھىمە ئىچىدە قالىدى!
چاقناپ تۇرغان پولاتنى شۇلار تاۋلغان،
ئۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس غاردىكى ستالاگمېتتەك.
شۇڭا راس بىلەن يالغان ئايرىلدى،
ھەرپ-رەقەملەر بىلەن قانۇن چىقىرىمەن،
بەخىت-تەرەققىياتقا يېتەكلەيمەن،
ئۆزەمنى ھەققانىيەتچى كىشىلەرگە ئاتايمەن!
ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندە ئۇ سەپداشلىرىغا ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئالدىن ھۆكۈمىنى جاكارلايدۇ: “ھەممىڭلار مېنىڭ دەۋرىمنىڭ كېلىشىنى كۈتۈڭلار، مەن سىلەرنى چوقۇم داڭلىق كىشىلەرگە ئايلاندۇرىۋېتىمەن!” شۇ يىلى دېكابىردا، قار ئورنىغا توختىماي سىم-سىم يامغۇر يېغىپ تۇراتتى. پۈتۈن پولكنىڭ ئەگرى-بۈگرى سوزۇلغان پۈتۈن ئاكوپلىرى چىلىق-چىلىق سۇ ئىچىدە قالىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق روژدىستۋو بايرىمى بىرىنچىسىدىنمۇ بەتەر ئېچىنىشلىق ئۆتىدۇ. پۈتۈن ئەسكەرلەر ئۆيلىرىدىن خالتا ۋە ھال سوراش خېتى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ھىتلېرغا ھېچ نېمە كەلمىگەچكە ئۆزى يالغۇز قاتلىما كارىۋىتىدا بېشىنى چۆكۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇ، ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش جەريانىدا ھېچ كىمگە بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدۇ. سەپداشلىرى ئامالىنىڭ بارىچە ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىپ، ئائىلىسىدىن كەلگەن ھېيتلىق خالتىلىرىنى ئېچىپ بىرگە تەڭ يىيىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. ئەمما ھىتلېر بۇ سەپداشلىرىغا ئايرىم-ئايرىم رەخمەت بىلدۈرۈپ يىيىشنى رەت قىلىدۇ ۋە بېرىپ ئۆزىنىڭ دۇنياسى بولغان ئورنىغا كىرىپ يېتىۋالىدۇ. دەم ئېلىش ئاخىرلىشىشى ھامان، ھىتلېر غەم-ئەندىشىلىرىنى بىراقلا ئۇنۇتۇپ قايتىدىن خوشخوي ھالىغا كېلىدۇ. ھەممەيلەننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزگەن ھېيتى ئۈچۈن تەبرىكلەپ بىرمۇنچە چاخچاقلارنىمۇ قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلارىنى قاتتىق كۈلدۈرۈپمۇ ئالىدۇ.
1916-يىلىنىڭ ياز ئايلىرى كىرىشى بىلەن ھىتلېر تۇرىۋاتقان بېرىگادا جەنوپقا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، ھەل قىلغۇچ دالا ئۇرۇشى ھېساپلانغان سوممې ئۇرۇشىغا ئۈلگۈرۈپ ئالدىنقى سەپكە يېتىپ بارىدۇ.65 ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەن تەڭ، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى شىددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىلا 20 مىڭغا يېقىن ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى ئەسكىرى ئۆلتۈرىلىدۇ ياكى يارىدار قىلىنىدۇ. 14-ئىيۇل ئاخشىمى فرومېللېس ئەتىراپىدا 16-بېرگادىنىڭ ئالدىنقى سەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىدىغان پۈتۈن تېلېفون سىملىرى توپ ئوقىدا ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئىدى. ھىتلېر بىلەن يەنە بىر ئالاقىچى قەدەمدە بىر ئۆلۈم خەۋىپى پۇراپ تۇرغان بولىشىغا قارىماي بېرىپ سىم يولىنى تەكشۈرۈشكە ئېۋەرتىلىدۇ. ئۇلار لىق سۇغا تولغان ئاكوپ ياكى توپ ئوقى ئويۇۋەتكەن ئازگاللارغا ئاتلاپ يۈرۈپ سىم يوللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چىققان ئالاقىچى ئەسكەر ھارغىنلىقتا بەرداشلىق بېرەلمەي يېتىپلا قالىدۇ. ھىتلېر ئامال يوق بۇ سەپدىشىنى سۆرەشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاكوپقا قايتۇرۇپ كېلىۋالىدۇ.
20-ئىيۇل كۈنى، فرومېللېس ئۇرۇشى ئوتتەك قىزىپ كېتىدۇ. ئۇرۇشتا ھەر ئىككىلا تەرەپتىن بەكلا كۆپ كوماندىر-ئەسكەر ياردار بولىدۇ ياكى ئۆلىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي ھېچ قايسى تەرەپ بىر قەدەممۇ ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيدۇ. شۇندىن كېيىنكى ئىككى ئاي جەريانىدا جەڭلەر ئاساسەن زىرىكىشلىك ئاكوپ ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ قېلىپ، بۇ كۈنلەردە ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىنى شىددەتلىك توپقا تۇتۇش بىلەنلا دېگىدەك ئۆتىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ بىر غېرىچمۇ ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيدۇ، دەرۋەقە كەينىگىمۇ چېكىنمەيدۇ. دەل شۇ پەيتتە ھىتلېرنىڭ يېقىن بىر سەبدىشىنى بۇ يەردىن يۆتكەپ كېتىدۇ. ئۇرۇش ئەسىرلىرىگە تەرجىمانلىق قىلىدۇرۇش ئۈچۈن ھانس مېندنى ئارقا سەپكە يۆتكەپ كەتكەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ھىتلېرنىڭ يەنە ئېرنست شمىدت بىلەن ئىگناز ۋېستېنكىرچنېر دېگەن ئىككى يېقىن سەپدىشى بار ئىدى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ ھېلىقى سۈيۈملۈك كۈچۈكىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغان ئىدى. “بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرومېلدا مەن شۇ سۈيۈملۈك تۈلكىچاقنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تاماشا قىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. — دەيدۇ ھىتلېر ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەن بىر قىش ئاخشىمى ئىتىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ، — بەكلا ئۇماق ئىت ئىدى-دە! — ئۇ تۈلكە ئىسىملىك  ئىتى توغرىلىق گەپ بولغىنىدا، بۇ ئىتى، ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن چىۋىننى تۇتىمەن دەپ قىلغان قىزىق قىلىقلىرى ئېسىگە كېلەتتى. كۈچۈك دەسلىۋىدە خۇددى گىپنوز قىلىنغاندەك تىتىرەپ قاشلىرىنى تۈرۈپ كەتسە، يەنە تۇيۇقسىز سەكرىگىنىچە چېىۋىنغا تاشلىناتتى. — مەن ئۇنىڭ ھەركىتىنى پۈتۈن دىققىتىم بىلەن تاماشا قىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. ئۇ كۈچۈك خۇددى ئادەمدەك قىلىقلارنى قىلىپ ئاچچىقى كېلىپ خېقىراپ كېتەتتى.” ھىتلېر تاماققا ئولتۇرغىنىدا ئۇنىڭ كىچىك تۈلكىسى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى كۈزىتىپ قاراپ ئولتۇرۈپ كېتەتتىكەن. ئەگەر ھىتلېر 5~6 قوشۇق كاپ قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا بىر كاپام بىر نېمە بەرمىسە كۈچۈك دەرھال زۇڭ ئولتۇرغىنىچە غوجايىنىغا يانچە چەكچىيىپ “ماڭىچۇ؟” دېگەندەك قىلىقلىقلارنى قىلاتتىكەن. “قىزىق، مەن ئۇ كۈچۈككە راستىنلا ئامىراق بولۇپ قاپتىكەنمەن.”
ئارىدىن ئۈچ ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ سوممې ئۇرۇشى ئاخىرى چىقماس بىر ئۇرۇشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى تىنماي ھۇجۇم قوزغاپ تۇراتتى. بۇ ئۇرۇشتا ھەر ئىككىلا تەرەپتىن 614 مىڭ ئادەم چىقىم بولىدۇ. بۇ ئۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ قىلچە ئەھمىيىتى يوق قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىغىلا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا نېمىس قوشۇنلىرى ھەپتىلەپ نۇرغۇن قېتىم قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ يەنىلا بىر قەدەممۇ كەينىگە چېكىنمەي تىركىشىدۇ. بۇ جەرياندا ھىتلېر يەنىلا پەرىشتىلەرنىڭ ھىمايىسىدە تۇرغاندەك ساق ئىدى. 7-ئۆكتەبىر كۈنى، ئۇنىڭدىن تەلەي قاچتىمۇ قانمداق، ئادەتتىكىدەك قالغان ئالاقىچىلار بىلەن بىرلىكتە پولك شىتابىغا تۇتىشىدىغان تار بىر ئۆڭكۈردە ئولتۇرغىنىچە ئۇيقىغا پېتىپ قالغان ئىدى. تۇيۇقسىز بىر پاي توپ ئوقى يەر ئاستى ئاكوپنىڭ ئاغزىغا چۈشۈپ پارتىلاپ ئالاقىچىلارنى تېرە-پىرەڭ قىلىۋېتىدۇ. ھىتلېر پاقالچىقىدىن يارىلىنىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي لېتىنات ۋيېدېمان بىلەن تالىشىپ يارام ئېغىر ئەمەس، ئالدىنقى سەپتتىن قايتۇرماڭ دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ. “لېتىنات، قاراڭ، مەن يەنىلا ئۆرە تۇرالايمەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ — دەيدۇ ھىتلېر ئالدىرىغىنىچە، — مەن سىزدىن ئايرىلغىم يوق، مېنى پولك شىتابىدىن ئارقا سەپكە قايتۇرىۋەتمىسىڭىز” دەپ يالۋۇراتتى.
ھىتلېر، بىر دالا ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا ياتقۇزۇلىدۇ. ئۇنىڭ يارىسى ئۇنچە بەك ئېغىر ھېساپلانمىسىمۇ، دوختۇرخانا بالىنىسىغا كىرىشى بىلەن تەڭ ئۇنى باشقا بىر روھى ئازاپ، ئەنسىزلىك كېسىلى يېقىتىپلا قويىدۇ. بۇ ئىش مۇنداق بولغان ئىدى: ھىتلېر ياتاقتا ياتقىنىدا قۇلىقىغا ئۇشتۇمتۇت بىر نېمىس ئايالىنىڭ، يەنى بىر سېسترانىڭ ئۇنىڭغا گەپ قىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. “بۇ مېنىڭ ئىككى يىلدىن بويان تۇنجى قېتىم ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىشىم! — دەيدۇ ھىتلېر شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ.66 كۆپ ئۆتمەي ئۇنى گېرمانىيىگە قاراپ ماڭغان يارىدارلار پويىزغا ياتقۇزۇشىدۇ، — بىزنى ۋەتەنگە ئېلىپ ماڭغان پويىز گېرمانىيە چېگراىسىغا يېقىنلاپ كەلگەنسىرى ھەممىمىز قاتتىق جىددىلىشىشكە باشلىدۇق. — ئاخىرى تۇنجى نېمىس ئۆيلىرىمۇ كۆرۈنىدۇ، — بىز ئۆگزىلىرى تىك ۋەتەنگە خاس ئۆيلەرنىڭ چىرايلىق قوش قاناتلىق، قوش قاپلىق پەنجىرىلىرىنى كۆردۇق. ئاھ ۋەتەن!”

3
ئادولف بېرلىننىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان بىر قۇرۇقلۇق ئارمىيە گوسپىتالىغا ياتقۇزۇلىدۇ (گوسپىتال، يەنى ئېنگلىزچىدا ھوسپىتال، دوختۇرخانا. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاتمىشىنچى يىللىرىغىچە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت بولغان يىللاردا ئۈرۈمچىدە ئادەتتە دوختۇرخانىلار سوۋېتتىكىگە ئوخشىتىپ كەسىپى بويىچە نومۇر بىلەن ئاتىلاتتى، يەنى ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى بىرىنچى دوختۇرخانا، شىمالى قۇۋۇقتا؛ تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئىككىنچى دوختۇرخانا، بۇلاق بېشىدا؛ يۇقۇملۇق ئۆپكە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئۈچىنچى دوختۇرخانا، شامالباغ ۋە ئۇنىۋېرسىتېت يېنىدا؛ ۋە روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى تۆتىنچى دوختۇرخانا، … ھەربى دوختۇرخانا ئون ئۈچىنچى گوسپىتال، يېقىلغانتاش- ئەخمەتجان يولىدا، … دېگەندەك. — ئۇ. ت). بىر مەزگىل ئاكوپ تۇرمۇشىغا ئادەتلىنىپ قالغان ھىتلېر، بالىنىستىكى پاك-پاكىزە ئاق كىرلىكلەر بىلەن قاپلانغان كېسەل كارىۋىتىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدى. دەسلىۋىدە “بۇنداق پاكىز كارىۋاتلاردا يېتىشنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن كارىۋاتتا ئولتۇرۇشتىنمۇ ئەيمىنەتتۇق” دەيدۇ ھىتلېر. ئۇلار بۇنداق راھەت مۇھىتقا ئاستا-ئاستا كۆنۈپمۇ قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ بەزىلەردىكى ئەدەپسىزلىك خاراكتېرلىرى ئۇنىڭغا بەكلا ياد بىلىنەتتى. ئادولف، داۋالىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭالىغىدەك بولغىنىدا بېرلىندا يەكشەنبىلىك دەم ئېلىشقا رۇخسەت ئالىدۇ. ھىتلېر بېرلىندا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاچارچىلىقنى، يوقسۇللۇقنى ھەمدە كىشىلەرنى تىنچلىق ئۈچۈن كۈشكۈرتىدىغان مۇتىھەملەر ھەرىكىتىنىڭ يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
ئىككى ئاي داۋالىنىپ ساقىيىپ بالنىستىن چىقىدۇ. ئۇنى ميۇنخېندىكى بىر ئارقا سەپ تەمىنات باتالىيونىغا يۆتكەيدۇ. ئۇنىڭ «كۈرەش يولۇم» دېگەن ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغىنىمىزدا، ئادولف ميۇنخېنغا كېلىپ جەڭگىۋارلىقنىڭ يوقۇلۇش سەۋەبىنى تاپقان ئىدى. گېرمانىيىدە جەڭگىۋارلىقنىڭ يوقۇلۇشىغا بىردىن بىر سەۋەپچى بولىۋاتقانلار — يەھۇدىيلار! ئارقا سەپتە گېرمانىيىنىڭ يىمىرىلىپ كېتىشى ئۈچۈن سۈيىقەست تەييارلاشقانلارمۇ يەنە شۇ يەھۇدىيلار! دېگەن خۇلاسىغا كەلگەن ئىدى. “گويا ھەممىلا مەمورى كادىرلىقنى يەھۇدىيلار ئىگەللىۋالغان، ھەممىلا يەھۇدىي مەمورى كادىر بولىۋالغاندەك. بۇ ئاتالمىش تاللانغان مىللەت ئارىسىدىن شۇنچە كۆپ قابىلىيەتلىك ئادەم چىقىدىغانلىقىغا بەكلا ھەيرانمەن. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئورۇنلاردىكى سانى شۇنچە كۆپ ئىدىكى، ئالدىنقى سەپلەرگىمۇ ئېشىنالماي قالغان. — ھىتلېر شۇنىڭغىمۇ قول قويىدۇ، — يەھۇدىيلار پۇل مۇئامىلە ساھەلىرىدە گېرمانىيە ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزگىنىگە ئېلىۋالغان، بۇ تەييارتاپ قان شورىغۇچى قۇرتلار خەلقنىڭ تومۇرلىرىدىكى قاننى شوراپ قۇرۇتۇپ بولغان.”
ئالدىنقى سەپتە، ھىتلېرنىڭ سەپداشلىرى ئۇنىڭ بۇنداق گەپلەرنى قىلىپ يۈرىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئاڭلىمىغان ئىدى. بىر ھېساپتا ھىتلېر باشقىلارچىلىكمۇ يەھۇدىي دۈشمەنلىكى بار بىرى ھېساپلانمايتتى. بەزى ۋاقىتلاردا ئۇمۇ يەھۇدىيلارغا قارشى ئانچە ئېغىر كەلمەيدىغان بىرەر-ئىككى ئېغىز گەپلەرنىمۇ قىلىپ قوياتتى. مەسىلەن “ئەگەر بارلىق يەھۇدىيلار بىزنىڭ كوندوكتۇرىمىز بولغان ستېيىنچىلىك ئەقىللىقلا بولمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا، يەھۇدىي دېگەنلەردىن تولا بەك ئەنسىرەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.” ئۇنىڭ ۋيېننادا يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىلا يەرگە بۇرنىنى تىقىپ يۈرىدىغانلىقى ھەققىدە دېگەن ھەر قېتىمقى گەپلىرىدىمۇ ھېچقاچان يامان غەرەز يوق ئىدى، دەيدۇ ۋېستېنكىرچنېر بۇ ھەقتە ئەسلەپ كېلىپ. ئەسلىدە سمىدتمۇ ئۇنداق بىر گەپ قىلغانلىقىنى ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى. لېتىنات ۋيېدېمانمۇ ئۇنىڭ بۇنداق گەپلەرنى قىلىپ باققانلىقىنى ئاڭلىمىدىم دەيدۇ (راستىنى دېسەم مەن ھىتلېرنىڭ يەھۇدىي دۈشمەنلىكىنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىغا زادىلا ئىشەنگىم كەلمەيدۇ دەيدۇ ۋيېدېمان). ئەندى ھىتلېر، ميۇنخېنغا ئۆچ بولۇپ قالغان ئىدى.
ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە بۇ ئارقا سەپ تەمىنات باتالىيونىدىكى سىياسىي مۇھىت ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى يىرگىندۈرەتتى. ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ھېچقايسى ئالدىنقى سەپتىن كەلگەن ئەسكەرلەرگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەيتتى. يەنى ئۇ يەردىكى كىشىلەر ھىتلېرنىڭ ئالدىنقى سەپ ئاكوپلىرىدا تارتقان جاپالىرى ھەققىدە قىلچىمۇ تەسىراتى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئۆز ئادەملىرىنىڭ ئارىسىغا قايتىپ كېتىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىدۇ. ئاخىرى، 1917-يىلى يانۋاردا لېتىنانت ۋيېدېمانغا خەت يېزىپ سالامەتلىكى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىپ بولغانلىقىنى، شۇڭا قايتىدىن ئالدىنقى سەپكە قايتىپ كېتىش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى، مۇمكىن بولسا بۇرۇن تۇرغان پولكىغا، بۇرۇنقى سەپداشلىرىنىڭ قېشىغا قايتۇرىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. 1-مارت كۈنى، ھىتلېر 16-قىسىمغا قايتىپ بارىدۇ. كونا سەپداشلىرى ھىتلېرنى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. ئۇنىڭ سۈيۈملۈك كىچىك تۈلكىسىمۇ خوشاللىقىدىن غىڭشىپ نايناقشىپ كېتىدۇ. “كۈچۈكۈم ماڭا ئېتىلغىنىچە كېلىپ ئېسىلىۋالدى” دەيدۇ ئادولف. كەچلىك تاماقتا روتىنىڭ ئاشپىزى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە تاماق تەييارلايدۇ. دەستىخان بولكا، مۇراببا ۋە پىچىنە-پىرەندىكلەر بىلەن تولغان ئىدى. ھىتلېر ئاخىرقى ھېساپتا ئۆز ئائىلىسىنىڭ قوينىغا قايتالىغان ئىدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى، ھىتلېر قول چىرىقىنى ئېلىپ مىلتىق شىتىكىگە قاراپ خائىنلارغا ھاقارەت قىلىپ بىر مۇنچە ۋارقىرىۋالىدۇ. كىچىدە يەنە سىرتقا چىقىپ بىر ھازا ئايلىنىدۇ. باشقىلار ئۇنىڭ جىم تۇرماي تاراخشىپ يۈرگىنىگە خاپا بولۇپ، بىزنى ئارامىدا ئۇخلىغىلى قوي دەپ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاياقلىرىنى ئېتىپ ۋارقىراشقىنىدىن كېيىنلا ئاندىن ياتىقىغا كىرىپ ئۇخلايدۇ.
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە پولك بويىچە ئارراس رايونىغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، يەنە بىر قېتىملىق ئەتىيازلىق ھۇجۇم ئۈچۈن تەييارلىق باشلىنىپ كېتىدۇ. شۇنداق پەيتلەردىمۇ ھىتلېر رەسىم سىزىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرالايتتى.67 بۇ ۋاقىتتا ئۇ بىرەر مەنا ئىپادىلەيدۇ دەپ قارىغان ئۇرۇش مەيدانىنى تەسەۋىرلەيدىغان خېلى جىق سۇ بوياق رەسىمى سىزىپ چىقىدۇ. (ئۇنىڭ نەشرى قىلىنمىغان خاتىرە دەپتىرىدە سەھنە لايىھىلەش مۇتەخەسسىسى گوردون كرايگ، ھىتلېرنىڭ ئۇرۇش مەيدانى رەسىملىرىنى ئىنتايىن يوقىرى سەنئەت قىممىتىگە ئىگە دەپ باھالايدۇ. بۇ رەسىملەرنى شۇنچە مەدىھلەپ كېتىشى بەلكىم ھىتلېرغا بولغان رەخمىتىدىن كەلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. چۇنكى، ھىتلېر بۇ مۇتەخەسسىسنى ئاچارچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان، ھەمدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پارىژغا بېرىپ تۇرۇپ قالغان ۋاقىتلىرىدا ھىتلېر پات-پات بېرىپ ئۇنىڭ رەسىملىرىنى سېتىۋالاتتىكەن — ئا. ھ. ئى). شۇ يىلى مەسىخ بايرىمىدا، ئۇ ھۆنىرىنى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويىدۇ: ئادولف، ھاك بىلەن كۆمۈر كومۇلاچلىرىنى ئاققا بوياپ، پولكوۋنىك باغچىسىغا “1917-يىللىق پاسخا بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن” دېگەن خەتلەرنى تىزىپ چىقىدۇ. بىر قانچە ئايدىن كېيىن، 16-قىسىمغا فرېيخېر ۋون تۇبېۋۇف ئىسىملىك بىر مايور يېڭىدىن كوماندىرى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. بۇ يېڭى كوماندىرى پولكوۋنىكلار جەمەئەتىگە تەۋە بەكلا تىتىك كىشى ئىدى. ئۇ كېلىپلا پولك ئىنتىزامىنى قايتا رەتكە سېلىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇ ئوفىتسېر-جەڭچىلەرنى جاپاغا قويغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇلارنى يوقىرى دەرىجىلىك ھەربى ئەمەلدارلارنى تەنقىتلىيەلەيدىغان جاسارەتكىمۇ ئىگە قىلغان ئىدى. ئۇ، پولكتىكى زىرىكىشلىك بۇرۇختۇرمىلىق ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئۆزى باشلاپ ئوۋغا چىقىپ بېرەتتى. ھىتلېر ئورمان ئىچىدىن ياۋايى ھايۋانلارنى قوغلاپ چىقىرىپ بېرەتتى. ئالدىنقى سەپكە تۇتاش ئورمانلىق ئىچىدە ھىتلېر تاياق كۆتۈرۈپ ئىككى سائەتقىچە ئۇياقتىن بۇياققا چېپىپ ھۇيقىتىپ يۈرۈپ پولك كوماندىرىنىڭ ئېتىۋېلىشى ئۈچۈن توشقانلارنى ئۈركۈتۈپ ئوتتۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ (شۇنىڭدىن 16 يىل ئۆتكەندە ھىتلېر بۇ پولكوۋنىكنى گېنېراللىققا ئۆستۈرىدۇ).
گەرچە ھىتلېرنىڭ ھەربىلىككە قاتناشقىنىغا خېلى يىللار بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەڭلەردە ئالاھىدە قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولىشىغا قارىماي ئۇنىڭ دەرىجىسى يەنىلا شۇ ئون بېشىلىقتا تۇرۋېرىدۇ. بۇ ھەقتە ۋيېدېمان مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن بىرسى، ھىتلېردا رەھبەرلىك قىلىش قابىلىيىتى يېتەرسىز ئىدى. يەنە بىر سەۋەپ، ئۇ ئادەتتىكى يۈرۈش-تۇرۇشلاردا بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيتتى. ئۇ ئادەتتە دائىم دېگىدەك بېشىنى سىڭايان قىيسايتىپلا يۈرەتتى. يول ماڭغاندىمۇ بېشىنى ئىگىپ دۈمچىيىپ ماڭاتتى. گەرچە ئۇ ئازىراقلا پۇرسەت تاپسا يۇيۇنۇپ يۈرىدىغان، يۇيۇنمايدىغان ئەسكەرلەرنى تىرىك قىغ دۆۋىسى دەپ مازاق قىلىدىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۆتۈكىنى سۈرتۈپ مايلاشقا بەكلا قىرىق ئىدى. بىرەر ئوفىتسېرغا دۈچ كېلىپ قالسىمۇ چاس بەرمەيتتى. ئەڭ مۇھىمى، ئادەتتە پولكلاردا ئالاقىچىلارغا سېرژانت ئەسكەر دەرىجىسى بېرىشنىڭ بىرەر مۇۋاپىق مۇھىتىمۇ يوق ئىدى. ئەگەر ئۇنى ئۈستۈرۈشكە توغرا كەلسە، چوقۇم ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىدىن چىقىرىشقا توغرى كېلەتتى، يەنى ئۇنى داۋاملىق ئاددى ئالاقىچى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايتتى. ئۇ چاغدا، پولك شىتابىمۇ ئەڭ قابىلىيەتلىك بىر ئالاقىچىسىدىن مەھرۇم بولۇپ قالغان ھېسابلىناتتى.
شۇ يىلى يازدا، قىسىم بۇرۇن ئۇرۇش قىلغان بېلگىيە ئۇرۇش مەيدانىغا قايتۇرۇلۇپ يىپرېسنى تارتىۋېلىشنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش، تۇنجى قېتىمقىسىغا ئوخشاشلا بەكلا شىددەتلىك ئۇرۇش بولىدۇ. ئىيۇل ئوتتۇرلىرىدا ئۇلار ئۇدا 10 سوتكا دۈشمەن توپ ئوقى ئاستىدا قالىدۇ. توپقا تۇتۇشلار ئارىلىقىدا ئۇلار يەر ئاستىدا قانداقتۇ بىر قورقۇنۇشلۇق يەر كولاش تاۋۇشى كېلىۋاتقانلىقىنى تۇيىدۇ. دۈشمەن قىسىملىرى ئۇلارغا قارىتىپ يەرئاستى يولى كولىماقتا ئىدى. يوقۇرىدا دۈشمەن ئايروپلانلىرى قۇلاقنى يارغىدەك گۈرۈلدەپ ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەينىدىنلا قورقۇنۇچلۇق پارتلاشلار باشلىنىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ قىسىم تىنماي زەھەرلىك گاز ھۇجۇمىغىمۇ ئۇچىراپ تۇراتتى. شۇڭا ئەسكەرلەر پات-پاتلا سوتكىلاپ زەھەردىن قوغدىنىش ماسكىسى تاقاشقا مەجبۇر ئىدى. ئىيۇلنىڭ ئاخىرقى كۈنى پوزىتسىيىسىنى قوغداپ تۇرىۋاتقان قىسىملار يەنە بىر قورقۇنۇچلۇق دۈشمەن ھۇجۇمى بولغان تانكا ھۇجۇمىغا ئۇچىرايدۇ. ئۇلارنىڭ بەختىگە پۈتكۈل ئىككى سەپ ئارىسىدىكى بوش يەر يامغۇردا مىچىلداپ كەتكەچكە، تانكىلارمۇ پاتقاققا پېتىپ قىمىرلىيالماي قالىدۇ.
ئاۋغۇست كىرىشى بىلەن، ئېغىر چىقىمدار بولغان ھىتلېر تۇرغان 16-قىسىم جەڭدىن چىقىرىلىپ ئالساسقا كەلتۈرۈلۈپ قايتا تەرتىپكە سېلىپ دەم ئالدۇرىلىدۇ. دەل شۇ پەيتلەردە ھىتلېرمۇ ئىككى قېتىم ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ: بىر تۆمۈريول ئەمەلدارى “تۈلكىچاق” نىڭ قىلىقىغا مەس بولۇپ، ئۇنى ماڭا 200 ماركقا سېتىپ بەر دەپ تۇرىۋالىدۇ. ئەمما ھىتلېر ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ۋارقىرىغىنىچە “ھېلىغۇ 200 مارك بەرگىدەكسەن، بۇ كۈچۈكۈمگە 200 مىڭ مارك بەرسەڭمۇ ساتمايمەن!” دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. كۈتۈلمىگەندە قىسىم پويىزدىن چۈشىۋاتقىنىدا كۈچۈك يوقاپ كېتىدۇ. قىسىم يولغا چىقىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ھىتلېرمۇ ئىتىنى ئىزدەشتىن ۋاز كېچىپ ئامالسىز يولغا چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. “بەكلا كۆڭلۈم يېرىم بولدى. مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان كۈچۈكۈمنى ئوغرىلىغان ئۇ توڭگۇزنىڭ كۈچۈكى نېمىشكە ئۇنداق قىلىدۇ؟”68 دەل شۇ پەيىتلەردە يەنە بىر “توڭگۇزنىڭ كۈچۈكى” ئۇنىڭ يۈك تاغىرىنى كېسىپ ئىچىدىكى تىز رەسىم، ماي بۇياق ۋە سۇ بوياق رەسىملىرى سېلىنغان قۇتىسىنى ئوغرىلاپ كېتىدۇ. ئۇ، بىرىنچى قېتىمىدا تۆمۈريولچى مۇناپىق تەرىپىدىن، ئىككىنچى قېتىم بولسا يېڭى ئەسكەر مىتىلىرى تەرىپىدىن (ئالدىنقى سەپتە ئەسكەرلەر دائىم دېگىدەك بىر-بىرىنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىشاتتى) ئوغرىلىنىپ كۆڭلى سۇۋۇپ، رەسىم سىزىش ماتېرىياللىرىنىمۇ كارى بولماي تاشلىۋېتىدۇ.
شۇ يىلى ئۆكتەبىر باشلىرىدا شمىدت ئادولفنى دەم ئېلىپ كېلىشكە ماقۇل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە 18 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا چىقىدۇ. ئۇنىڭ بۇ دەم ئېلىشى، ئۇرۇش باشلانغىنىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تەتىلى ھېسابلىناتتى. ئۇلارنىڭ بارىدىغان يېرى درېسدېن ئىدى. شمىدتنىڭ سىڭلىسى شۇ يەردە تۇراتتى. ئەمما ئۇ ئىككىسى يول ئۈستىدە برۇسسېلس، كولوگن ۋە لېيپزىگلاردا توختاپ ئۇ يەرلەرنىڭ مەنزىرىسىنى زىيارەت قىلىپ ئۆتىدۇ. ھىتلېر لېيپزىگنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ يەردىكى سان توماس چېركاۋى مارتىن لۇتېرنىڭ تۇنجى قېتىملىق ۋەز ئېيتقان يېرى ئىدى. يەنە شۇ چېركاۋدا باخ 27 يىلغىچە دۇخراتكا چالغان، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ يەنە شۇ يەرگە دەپىن قىلىنغان ئىدى؛ يەنە شۇ چېركاۋدا ۋاگنېر ئۈچۈن چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى، ئۇ يەردىكى 300 فوت ئىگىزلىكتىكى “مىللى ئازاتلىق ئۇرۇشى” نىڭ ھەيۋەتلىك خاتىرە مۇنارىسى ئىدى. بۇ خاتىرە مۇنارىسى 1813-يىلقى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن تىكلەنگەن مۇنار ئىدى. بىر قارىماققا بۇ مۇنار روھلار ئۈچۈن تىكلەنگەن خاتىرە مۇنارىسىگە قارىغاندا بىر قەلئەگە بەكرەك ئوخشاپ كېتەتتى. “بۇ خاتىرە مۇنارىسى گۈزەل سەنئەت بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق بولسىمۇ، ھەيۋەتلىك بولۇپلا قالماي ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى” دەيدۇ ھىتلېر. درېسدېندە ئۇلار شلېۋىگ گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىخانىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىق بىنالارنى، ھەر خىل رەسىم كۆرگەزمىلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئەسلىدە ئۇتىياتىرغا كىرىشنى بەكلا ئارزۇ قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇ كۈنكى سەھنىگە قويۇلىدىغان ئەسەرلەر تىزىمىدا ۋاگنېرنىڭ ئەسەرلىرى كۆرۈنمىگەچكە، كۆرگىدەك بىر نېمە يوق ئىكەن دەپ كىرمەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئۆزى يالغۇز بېرلىنغا بېرىپ، ئالدىنقى سەپتىكى سەپداشلىرىدىن بىرىنىڭ ئۆيىدە بىر قانچە كۈن قونۇپ قالىدۇ. ھىتلېر شمىدتقا يوللىغان بىر ئاتكىرتكىدا “بۇ شەھەر ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل شەھەر ئىكەن، بۇ شەھەر ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق دۇنياۋى پايتەخت بولغىدەك بىر شەھەر ئىكەن. قاتناش بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاشلا تىقما-تىقما بولۇپ تۇرىدىكەن. مەن ھەر كۈنى دېگىدەك شەھەرنى ئايلىنىپ يۈردۈم. بۇ شەھەردىكى ھەر خىل مۇزىيلارنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. قىسقىسى، نېمىنى خالىساڭ شۇنى كۆرگىلى بولىدىغان بىر شەھەر ئىكەن” دەپ يازىدۇ.
شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا، 16-بېرىگادىنىڭ ئانچە كۆپ جەڭ ۋەزىپىسى يوق ئىدى. شۇڭا ھىتلېرگىمۇ كىتاب ئوقۇشقا يېتەرلىك ۋاقىت چىقىدۇ. ئۇ رومان بىلەن ژۇرنال دېگەندەك نەرسىلەرگە قاراپمۇ قويمايتتى. ئۇ، پۈتۈن زىھنىنى تارىخ ۋە پەلسەپە كىتابلىرىنى ئوقۇشقىلا سەرىپ قىلاتتى. “ئۇرۇش كىشىلەرنى ئىنسان خاراكتېرىنى چوڭقۇرلاپ ئويلىنىشقا مەجبۇرلىدى — دەيدۇ ھىتلېر كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھانس فرانكقا، — تۇرمۇشىمىزدا دۈچ كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ تۆت يىللىق ئۇرۇش 30 يىللىق ئۇنىۋېرسىتېت  ئوقۇشىغا تەڭ ئىدى. مېنىڭ ئەڭ يامان كۆرىدىغىنىم، زىرىكىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن يېزىلىدىغان ئەدەبى ئەسەرلەر ئىدى. ئەگەر ئىنسانىيەت تەغدىرىگە قىزىقماقچى بولىدىكەنمىز، خومېرنىڭ «چاقىرىق» دېگەن ئەسىرىنىلا ئوقۇساق يېتەرلىك. ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدە مېنىڭ ئاساسلىق ئوقۇغان كىتابىم شوپېنخاۋئېرنىڭ ئەسەرلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا-قايتىلاپ تەتقىق قىلىپ چىققان ئىدىم (ھەقىقەتەنمۇ يېنىدا ساقلاپ يۈرگەن شوپېنخاۋئېر ئەسەرلىرىدىن بىرسى تۇلا ۋاراغدىنىپ تىتىلىپ كەتكەن ئىكەن). شۇنىڭدىن كېيىن، گەرچە ئەيسانى ھەقىقى جەڭچى دېگەندىمۇ، «چاقىرىق» كۆرسەتمىلىرىدىن پايدىلانماي تۇرۇپمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلالىدىم. شۇنداقتىمۇ `سول ئىڭىكىڭگە مۇش يىسەڭ ئوڭ ئىڭىكىڭنى تۇتۇپ بەر` دېيىشنىڭ ئالدىنقى سەپكە بەك ماس كېلىدىغان سۆز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم.”
شۇ يىلى قىشتا، بۇرۇنقى غەرب ئۇرۇش سەپلىرىدىكىگە ئوخشاش ئالدىنقى سەپلەردە جەڭ قىلىۋاتقان جەڭچىنىڭ شارائىتى بەك ناچار ئىدى. ئۇلارغا بېرىلگەن تاماقلىرىنىڭ قۇۋۋىتى بۇرۇنقى كۈنلەرنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئەسكەرلەر ئىلاجىسىز ئىت-مۈشۈكلەرنى ئۆلتۈرۈپ قۇرساق تويغۇزۇشقا مەجبۇر قالىدۇ. ھىتلېرنىڭ سەپداشلىرىدىن بىرسى ئەسلەپ كېلىپ، “بەلكىم سۈيۈملۈك كۈچۈكىنىڭ ئوغۇرلانغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ئىت-مۈشۈك ئىچىدە ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۆشى مۈشۈك گۈشى ئىدى. ئەگەر يەيدىغانغا بىرەر نەرسە تاپقىلى بولسىلا، ئۇ قاخلانغان بولكىغا ھەسەل ياكى مىراببا مىلاپ يىيىشنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى. بىر قېتىمدا، ئۇ بىر بىر ئازگالدا لىق كۆمۈلگەن بولكا پارچىسى تېپىۋالىدۇ. ئېچىرقاپ كەتكەن ئاشقازىنىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇ بولكا پارچىلىرىنى ئاۋايلاپ چىقىرىشقا كىرىشىدۇ. ھەتتا ئاستى تەرىپىدىن بولكىلارنى پۈتۈن بويىچى چىقىرىۋالىدۇ. ئۇ، بۇ پەۋقۇلئاددە ئۆلجىسىنى سەپداشلىرى بىلەن تەڭ بۆلىشىدۇ. ئۇلار بۇ بولكىلاردىن بىر قىسمىنى قۇم شىكەرگە تىگىشىپ ئالدىنقى سەپ پاسونىدا ’شماررېن‘ دەيدىغان ئاۋسترىيە تورتى ياساپ يىيىشتى” دەيدۇ.69
ۋەتەن ئىچىدىكى پۇخرالارمۇ “ئۆگزە توشقىنى” دەپ ئاتىۋېلىشقان ئىت-مۈشۈك گۆشلىرى بىلەن قۇرساق تۇيغۇزۇشقا مەجبۇر قالغان ئىدى. بولكىلار ھەرە كىپىكى بىلەن قۇمچامغۇرنى ئاساس قىلىپ يۇغۇرۇپ پىشىرىلەتتى. سۈت تاپماق ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىدى. گېرمانىيىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمۇ بۇ جاپالىق كۈنلەرنى تەڭ تارتىشماقتا ئىدى. ۋيېننادا يىمەكلىك يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى بېرلىندىن ياردەمگە ئاشلىق تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇداپېشت بىلەن ۋيېننادا پات-پات ئىش تاشلاشلار پارتلاپ تۇراتتى. بۇ تۈر ئىش تاشلارنىڭ سەۋەبى يالغۇز ئاچارچىلىقلا بولۇپ قالماي، گېرمانىيە بىلەن روسىيەنىڭ يېڭى بولشېۋىك ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىدىكى مۇرەسسەلىشىشنىڭ مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىمۇ بىر سەۋەپ ئىدى. بىر قانچە ئايدىن بۇيان گېرمانىيىدە ھەربى ھالەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىۋاتقان بولىشىغا قارىماي ئىش تاشلاش دولقۇنى گېرمانىيىگە يېيىلىشقا باشلايدۇ. 1918-يىلى 28-يانۋار دۈشەنبە كۈنى گېرمانىيە بويىچە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىش تاشلاش ھەرىكىتى باشلىنىدۇ. ئىش تاشلاشنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى تىنچلىق تەلەپ قىلىش بولسىمۇ، ئىشچىلار ۋەكىلى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بىلەن سۆھبەتكە بىرلىكتە قاتنىشىش، ئاشلىق نورىمىسىنى ئۆستۈرۈش، ھەربى ھالەت قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، گېرمانىيە بويىچە دېموكراتىك ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش دېگەندەك تەلەپلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ميۇنخېن بىلەن نيۇرېمبېرگ شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا ھەر قانداق بىر شەرت قويماستىن تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نامايىش قىلىۋاتقان ئىشچىلار سانى نەچچە مىڭ كىشى ئەتىراپىدا بولسىمۇ، بېرلىندا زاۋۇتلاردىن كوچىغا چىقىپ ئىش تاشلاش كومىتېتى قۇرۇش تەلىۋىدە بولغان ئىشچىلار سانى 4 يۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. گەرچە ئىش تاشلىغان ئىشچىلار بىر ھەپتىگە قالماي زاۋۇتلارغا قايتۇرۇلغان بولسىمۇ ئىسىيان كۆتۈرۈش روھى پايتەختتە يەنىلا كۈچلۈك ئىدى. ئومۇمى يۈزلۈك ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىغا ساناقلىقلا كۈن قالغاندەك كۆرۈنەتتى.
ئومۇمى يۈزلۈك ئىش تاشلاش خەۋىرى ئالدىنقى سەپكە يېتىپ كەلگەن ۋاقىتلاردا، بۇ ئىشقا ئەسكەرلەرنىڭ ئىنكاسلىرى ھەر تۈرلۈك ئىدى. نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەر ئارقا سەپتىكى پۇخرالارغا ئوخشاش ئۇرۇشتىن زېرىككەنلىكىنى ئىپادىلەشسە، يەنە نۇرغۇنلىرى بىزنى ئۆز قېرىنداشلىرىمىز سېتىۋەتتى دەپ قارىىشاتتى. ھىتلېر بۇ ھادىسىنى “پۈتۈن ئۇرۇش جەريانىدىكى ئەڭ چوڭ سۈيىقەست” دەپ قارايدۇ. ھىتلېر بۇ تۈردىكى قاششاقلار ۋە قىزىللارنىڭ ئىشلىرىدىن تېرىكىپ ئەقلىنى يوقاتقىدەك ھالدا ئىدى. “ۋەتەندىكى كىشىلەر غەلىبە قازىنىشىمىزنى خالىمايۋاتقان يەردە، ھەربى قىسىملار يەنە نېمىنى دەپ ئۇرۇش قىلغىدەك؟ شۇنچە زور قۇربان بېرىش ۋە شۇنچە ئېغىر نامراتلىشىش بەدىلىگە كېلىدىغان بۇنداق تىنچلىقنىڭ نېمە قىممىتى بار؟ ئەسكەرلەر بۇ ئۇرۇشتا چوقۇم غەلىبە قىلىمىز دەپ جەڭ قىلماقتا، ئەمما ۋەتەندىكىلەر ئىش تاشلاپ بۇنىڭغا قارشى چىقماقتا!”
3-مارت كۈنى، بېرلىن ھۆكۈمىتى برېست-لىتوۋسكتا سوۋېت تەرەپ بىلەن ئوڭۇشلۇق تۈردە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۇپ شەرتنامە ئىمزالىشىدۇ. ئەمما بۇ شەرتنامىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان سوۋېت تەرەپكە بەكلا ئېغىر شەرتلەر قويۇلغان ئىدى. بۇنىڭدىن نارازى بولغان گېرمانىيە سولچىلىرى بۇ تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى روسىيە ئىنقىلابىنى يوقۇتۇش دەپ بايانات بېرىدۇ. بولشېۋىكلارنىڭ تەسلىم بولغانلىقى ھەققىدىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھىتلېرغا ئوخشىغان كىشىلەر، ئەندى بۇ ئۇرۇشتا گېرمانىيە چوقۇم غەلىبە قىلىدىغان بولدى دەپ قاتتىق ئىشەنگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۇرۇش غالىبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى كۆزگە كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. شۇڭا باش قوماندانلىق شىتابى ئومۇمى يۈزلۈك قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈش بۇيرۇقى بېرىدۇ. بەك قىزغىن بولمىسىمۇ كۆپ ساندىكى قىسىملار ئاۋاز قوشۇپ بۇ بويرۇققا بوي سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ھىتلېر تۇرىۋاتقان قىسىم لۇدېندورفنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك ئەتىيازلىق ھۇجۇمغا ئۆتۈش پىلانىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىغا قاتنىشىدۇ: سۇممىيدا، رېيىن دەرياسىدا ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مارنېدا بولغان ھۇجۇملارغا قاتنىشىدۇ. بۇ جەرياندا ھىتلېرنىڭ جەڭگىۋارلىق روھى ئالدىنقى قېتىملىق ئۇرۇشلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يوقۇرى ئىدى. ئىيۇن ئېيىدا، ئالدىنقى سەپتە ھىتلېر بىر ئاكوپتا كۈزىتىپ ياتقىنىدا فرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مىس قالپىقىغا ئوخشاش بىر نەرسىنى كۆرۈپ قالىدۇ. ھىتلېر ئۆمىلىگىنىچە بېرىپ قارىسا ئۇ يەردە تۆت نەپەر فرانسۇز ئەسكىرى يۇشۇرۇنغان ئىكەن. ھىتلېر دەرھال ناگىنىنى بەتلەپ تۇرۇپ نېمىسچە قاتتىق ۋارقىرايدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا بارلىق ئالاقىچىلارغا مىلتىق ئورنىدا تاپانچا بېرىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ۋارقىرىشى فرانسۇزلارنى قاتتىق ئۈركۈتىۋېتىدۇ. ئۇلار، ھىتلېرنىڭ كەينىدە يەنە نۇرغۇن نېمىس ئەسكىرى كېلىۋاتسا كېرەك دەپ ئويلاپ دەرھال ئەل بولىدۇ. ھىتلېر بۇ تۆت نەپەر ئەسىرنى يالاپ كېلىپ پولكوۋنىك ۋون تۇبېۋفقا تاپشۇرىدۇ. پولكوۋنىك ھىتلېرنىڭ بۇ جاسارىتىنى ئالاھىدە ماختاپ تەغدىرلەيدۇ. كېيىن بۇ ئىشنى ئەسلەپ پولكوۋنىك ۋون تۇبېۋف مۇنداق دەيدۇ: “ھىتلېرنىڭ ئەڭ جاپالىق، ئەڭ قىيىن ۋە ئەڭ خەتەرلىك ۋەزىپىنى ئورۇندىشىغا ھېچقانداق بىر ئىش توسالغۇلۇق قىلالمايتتى.70 ئۇ، ۋەتەن، خەلقى ئۈچۈن ئۆزىنى، ئۆزىنىڭ تىنچ تۇرمۇشى ۋە ھاياتىنى قۇربان قىلىشقا ھەر دائىم تەييار ئىدى.” 4-ئاۋغۇست كۈنى، ھىتلېر، بۇ ئىشى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بۇرۇنقى ئۇرۇشلاردا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى ئۈچۈن بىرىنچى دەرىجىلىك قارا كرىسىت مېدالىغا ئېرىشىدۇ. مۇكاپاتلىنىش بۇيرۇقىدا مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: “ئۇنىڭ كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى بىلەن ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىسىل ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن بۇ ئوردىن بېرىلدى.” (ھىتلېر، شۇ قېتىم ئالغان ئوردىندىن ۋە 1914-يىلى ئالغان ئىككىنچى دەرىجىلىك قارا كرىسىت ئوردېنىدىن باشقا يەنە 1917-يىلى 17-سىنتەبىردە ئۈچىنچى دەرىجىلىك ھەربى مۇلازىمەت تۆمۈر كرىست مېدالى ۋە بىر ھەربى خەنجەر، 1918-يىلى 9-مايدا جەڭلەردە ئالاھىدە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن دەپ بىر تال پولك شىتابى ئوردىنى، 1918-يىلى 18-مايدا يارىدارلىنىش ئوردېنىدىن بىر تال، 1918-يىلى 25-ئاۋغۇستتا ئۈچىنچى دەرىجىلىك ھەربى سەپ ئوردېنىدىن بىرسىگە ئېرىشكەن ئىدى — ئا. ھ. ئى). قىزىق يېرى، بۇ قېتىمقى ئوردىن مۇكاپاتىغا ھىتلېرنى كۆرسەتكەن ئادەم، يەھۇدىي باتالىيون ئاديۇتانتى لىتېنات ھيۇگو گۇتمان بولۇپ، گۇتمان بۇ مېدالنى ئۇنىڭكۆكرىكىگە ئۆز قولى بىلەن قاداپ قويغان ئىدى.
شۇكۈنلەردە، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئاقىۋىتى بەكلا ئېنىق كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئېيفېل مۇنارىسىنىڭ يېنىغىچە ئىلگىرلەپ پارىژنى ئىگەللەشكە قىل قالغان لۇدېندورفنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى پاجىئەلىك مەغلوبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. غەرب ئۇرۇش سېپىدىكى بۇ مەغلوبىيەت كىشىلەرنى قاتتىق ئۈركىتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ غەرب سېپىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ قېتىمقى تارىخى غالىبىيەتتىن كېيىن غەربى سەپتە، كاپكازىيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىپايان رايونلارنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن دۈچ كەلگەن بۇ مەغلوبىيەت، ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چۈچىتىدىغان بىر مەغلوبىيەت ئىدى. شۇڭا، ئەسكەرلەرنىڭ ئىرادىسى قاتتىق سۇنىدۇ. تەبىئىكى، كونا ئەسكەرلەرنىڭمۇ قاتتىق روھى چۈشۈپ كېتىدۇ. ھەربى ئاپتوموبىللار بىلەن دەم ئېلىشقا كېتىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ تەرتىۋى بەكلا قالايماقانلىشىپ كېتىدۇ. ئوفىتسېرلار بۇ قالايماقانچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئاسمانغا ئوق چىقىرىشقىمۇ مەجبۇر ھالغا كېلىدۇ. ھەر بىر پويىز ئىستانسىسىدا ئەسكەرلەر ھەر تەرەپكە قاراپ پاتپاراق بولۇپ قېچىشاتتى. تەرتىپ ساقلاشقا تىرىشقان ئوفىتسېرلار ئەسكەرلەرنىڭ تاش-توخماقلىق، ھەتتا گراناتلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. پويىز ۋاگونلىرىنىڭ ئىككى يېنى “بىز گېرمانىيىنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مىليونېرلار ئۈچۈن جەڭ قىلىپتۇق” دېگەندەك بوردا يېزىلغان ئىنقىلابى شۇئارلار بىلەن تولغان ئىدى.
ھىتلېر، كرىست ئوردىنىغا ئېرىشىپ 4-كۈنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسى ئاميېنس ئەتىراپىدا قۇيۇق تۇمانلىق ھاۋاغا قارىماي قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ گېرمانىيە سەپلىرىنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ. لۇدېندورف ئالدىنقى سەپكە بىر مۇئاۋىن قۇمانداننى ئىۋەرتىش بىلەن بىرگە، بۆسىۋېتىلگەن ئۇرۇش سېپىگە زاپاس قوشۇن ئىۋەرتىدۇ. ياردەمگە ئىۋەرتىلگەن قىسىم ئالدىنقى سەپكە قاراپ كېتىۋاتقىنىدا كەينىگە چىكىنىۋاتقان ئەسكەرلەر ئۇلارغا قاراپ “ئالدامچىلار! سىلەر ئۇرۇشنى ئۇزارتىش ئۈچۈنلا كېلىۋاتىسىلەر!” دەپ ۋارقىرىشاتتى.
لۇدېندورف خاتىرىسىگە “بۇگۈنكى ئۇرۇش نېمىس ئارمىيىسىنىڭ ئەجەل كۈنى بولدى!” دەپ يازىدۇ. گېرمانىيە پادىشاسى كۆڭلى قاتتىق يېرىم ئەمما ئېغىر بېسىقلىق بىلەن بۇ ھادىسە ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: “بىز بۇنىڭدىن پەقەت بىرلا خۇلاسىنى چىقىرالىشىمىز مۇمكىن: بىزنىڭ پۈتۈن مەنبەلىرىمىز قۇرۇپ تۈگىدى. شۇڭا، بۇ ئۇرۇشنى قەتئىي تۈردە ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.” ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە لۇدېندورف بىلەن ھىندېنبۇرگ ئىككىسى سپا ئارشاڭىدا ئىمپىراتور ۋىلھېلم بىلەن ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلىشىدۇ. ئۇ يىغىندا گېرمانىيە پادىشاھى ۋىلھېلم تاشقى ئىشلار ۋەزىرىگە تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاش بۇيرۇقىنى بەرگىنىدە، بۇنىڭغا باش قۇماندان ھىندېنبۇرگ قارشى چىقىپ گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ قولىدا ئىشغال قىلىنغان بىپايان دۈشمەن زېمىنلىرى ھېلىغىچە مەۋجۇتلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما لۇدېندورف ھاياجانلانغان ھالدا ئاۋال دۆلەت ئىچىدە تەرتىپ-ئىنتىزامنى قاتتىق كۈچەيتىشىمىز كېرەك دەپ تۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە “يەھۇدىي ياشلىرى ئارىسىدىنمۇ مەجبورى ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىشىمىز كېرەك، ئۇلار تا بۈگۈنگىچە ئاساسەن ئەسكەرلىككە ئېلىنمىدى” دەيدۇ.
ۋەتەن ئىچىدە ئىسيان كۆتۈرۈش خەۋىپى يامراپ كەتكەن، ئالدىنقى سەپلەر يىمىرىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ھىتلېر ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا ۋەزىيەت تالاش-تارتىشى قىلىپ يۈرەتتى. ئۇ قىزىللارنىڭ ئالدامچىلىقلىرى ھەققىدە كۈچەپ سۆزلەيتتى. شۇنداقتىمۇ، ھىتلېرنىڭ زارلىنىشلىرى زاپاس قىسىملارنىڭ غەزەپ-نەپرىتى ئاستىدا قېلىپ ھېچكىم دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. شمىدتنىڭ ئېيتىشىدىن قارىغاندا، بۇنداق ۋاقىتلاردا ھىتلېر “ئاچچىقىنى بېسىۋالالماي ۋارقىراپ جارقىرىغىنىچە ئۇرۇش مانا مۇشۇنداق تىنچلىقپەرۋەرلەرنىڭ، قورقۇنچاقلارنىڭ قولىدا قېلىپ مەغلۇپ قىلىنماقتا دەپ قايناپ كېتەتتى.” بىر كۈنى، بىر پراكتىكانت ئوفىتسېر داۋاملىق ئۇرۇشۇش ئاخماقلىق دېگىنىدە، ئۇ ئوفىتسېر دەرھال ھىتلېرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. ئۇ ئىككىسى مۇشتلىشىپ كېتىدۇ. ئاخىرى بۇ ئەسكەرنىڭ راسا ئەدىۋىنى بېرىپ ئۇنى تىنجىتىدۇ. شمىدت ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: شۇ كۈندىن باشلاپ، “يېڭى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ھىتلېرغا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ. ئەمما بىز كونا ئەسكەرلەر ئۇنى تېخىمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈشكە باشلىدۇق” دەيدۇ.71
تۆت يىلدىن بۇيان، كىشىلىك خاراكتېرلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرغان بۇ ئاكوپ ئۇرۇشى، نۇرغۇنلىغان ۋەتەن سۆيەر نېمىسلارغا تەسىر كۆرسەتكىنىگە ئوخشاش ھىتلېرمۇ ۋەتەندىكى “ۋەتىنىگە كەينىدىن پىچاقلىغان” تىنچلىق سۆيەرلەر بىلەن ئەسكەر قاچقۇنلىرىغا بولغان ئۆچمەنلىكى چېكىگە يېتىدۇ. ھىتلېر ۋە ئۇنىڭدەك قاراشتىكى كىشىلەر كۈچلۈك ھاياجان ئىچىدە بۇ تۈردىكى ۋەتەن خائىنلىرىدىن قەتئىي تۈردە قىساس ئېلىش كېرەك دەپ قەسەم قىلىشاتتى. بۇ تۈر قاراشلار ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي قاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئالاھىدە تۈرتكە بولۇپ بېرىدۇ. بۈگۈنكى ھىتلېر، ھەرگىزمۇ 1914-يىلىقى ھېچ نېمىنى سەزمەس بىر پىدائى ئەسكەر ئەمەس ئىدى. تۆت يىللىق ئاكوپ ھاياتى ئۇنىڭغا تەۋەلىك تۇيغۇسىنى بېغىشلىغان ئىدى. شۇنىڭدەك، ئۇنى مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىدىغان بىرسىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. ئۇ ئەسلىدە گېرمانىيە ئۈچۈن جەڭ قىلالىغاندىلا ئاندىن ھەقىقى نېمىس بولالايدۇ دەپ قارايتتى.
ئۇ بۇرۇن قىلچە ھىلە ئىشلەتمەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداشقا مەجبۇرلانغان بىرسى چوڭ بولغىنىدىمۇ ئۆزىدىن غۇرۇرلىنىدىغان تەرەپلىرى بولىدىغان بىرسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ھەربى سەپكە قاتناشقان ۋاقتىدا ئۇ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بىر ياش ئىدى. گەرچە ئۇ يۇرتىدا ۋە ۋيېننادا جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە 24 يىشىغىچە ياشىغان بولسىمۇ يەنىلا بەكلا ساددا ئىدى. مانا ئەندى، ئۇ پىشىپ يېتىلگەن بىر ئادەمگە ئايلانغان ئىدى. مانا ئەندى، ئۇمۇ بۇ دۇنيادا پىشىپ يېتىلگەنلەر ئېرىشىشكە تېگىشلىك بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىرسىگە ئايلانغان ئىدى.
سىنتەبىرنىڭ باشلىرىدا، 16-قىسىم فلاندېرسقا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ قىسىم ئەسلىدە بىر زاپاس قوشۇن بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەسكەرلىرىنىڭ دەم ئېلىش قىلىپ كېلىشىگىمۇ رۇخسەت قىلىناتتى. ھىتلېر، ئارېندىت ئىسىملىك بىر سەپدىشى بىلەن بىرگە بېرلىنغا كېلىدۇ. پايتەختتە، كۈنسايىن ئارتىپ كېتىۋاتقان نارازىلىق ھېسسىياتلار ئۇنى زىرىكتۈرىۋېتىشى تۇرغانلا گەپ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى سپىتالغىمۇ بېرىپ بىر قانچە كۈن تۇرۇپ كېلىدۇ. قىسىمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە 16-قىسىم ئۈچىنچى قېتىم يىپرېسنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە كىرىپ يەنە ئۈچىنچى قېتىم كومنېس ئەتىراپىدىكى چاتقاللىق تاغ جىلغىلىرى ئىچىدە غايىپ بولىدۇ. 14-ئۆكتەبىر كۈنى، ۋېرۋىك كەنتى ئەتراپىدا ھىتلېر زەھەرلىك گاز ھۇجۇمىدا ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي كۆزلىرى ساقىيىدۇ. ئەمما 9-نويابىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ يېقىندا تەسلىم بولىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ كۆزلىرى تۇيۇقسىزلا ئېچىلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن كېيىن قۇلىقىغا غۇڭۇلدىغان ئاۋازلار كېلىپ، كۆزىگە غەلىتە تەسۋىرلەر كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ.
ئادولف ھىتلېرنىڭ بىلىگىيىدە زەھەرلەنگەن كۈنلىرىدە يەھۇدىي قورقۇنچى بىلەن يەھۇدىي ئۆچمەنلىكى قايسى دەرىجىدە، قانچىلىك چوڭقۇرلۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلىش ئىمكانى يوق. ئەمما كېيىنكى يىلى ئۇنىڭدا شەكىللەنگەن يەھۇدىي ئۆچمەنلىكى، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاساسلىق روھى كۈچكە ئايلىنىدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا ھىتلېر يەھۇدىيلار بىلەن قىزىللاردىن ئۈركۈپ كەتكەن مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان “ۋەتەنپەرۋەر” لەرنىڭ بىرىلا ئىدى (ئۇ ۋاقىتلاردا يەھۇدىيلەر بىلەن قىزىللار تەڭ مەنىدە قارىلاتتى). يېقىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ماركسىزمچىلار كۈشكۈرتۈپ يۈرگەن ئىسىيانلار دولقۇنسىمان يۈز بېرىپ، كىشىنى بەكلا قورقۇتۇپ نېمىس خەلقىنىڭ تۇرمۇش شەكلىگە ئېغىر تەھدىت سالماقتا ئىدى.

4
قىزىق يېرى، بۇ ئىنقىلابلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ھىتلېرنىڭ گازدىن زەھەرلىنىش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن كېسەل ئاسارىتىغا گىرىپتار بولغان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ پارتلىغان ئىدى. ھىتلېر يارىدارلار پويىزى بىلەن شەرققە قاراپ كېتىۋاتقىنىدا، يەنى 6-ئۆكتەبىردە، بادېن 16-شاھزادىسى ماكس، يەنى گېرمانىيىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋەزىرى پرېزدېنت ۋودروۋ ۋىلسوندىن بىر پارچە ئۇلتىماتوم تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. بۇ ئۇلتىماتومدا ۋىلسون گېرمانىيە پادىشاھى ۋىلھېلم تەختتىن چۈشۈرۈلمىگىچە ئامېرىكا ئۇرۇش توختۇتۇش كىلىشىمىگە قول قويمايدۇ دېگەن تەلەپنى قويۇپ چىڭ تۇرىۋالغان. بۇ تەلەپ، گېرمانىيە ھەربى تەرەپنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن دېڭىز پىلوتلىرى بۇيرۇق بويىچە يولغا چىقماقچى بولىۋاتقىنىدا ئاشكارە توپىلاڭ پارتلايدۇ. يەنى 6 ئۇرۇش پاراخوتى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىسيان كۆتۈرىدۇ. كيېل شەھىرىدە ئىسىيان پارتلىغاندىن كېيىن ماتروسلار ھەربى قۇرال ئىسكىلاتىدىكى يەڭگىل قۇرال ساندۇقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ قۇرۇغداپ قويىدۇ. ئاندىن بۇ شەھەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. مەلۇم بىر گازارمىدا بىر ئاشپەز “كيېل دېڭىزچىلار سوۋېتى” نىمۇ قۇرۇپ چىقىدۇ.72پورتتىكى پاراخوتلار ئارىسىدا پەقەت بىرسىلا ئىنقىلاب بايرىقىنى ئاسمىغان ئىدى، ئەسكەرلەر بۇ پاراخوتنىڭ ئوفىتسېرلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، پاگونلىرىنى سۆكىۋېتىپ قامىۋېتىدۇ.
7-نويابىر كۈنى، ميۇنخېندا باشقا بىر قوزغىلاڭ پارتلايدۇ. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭغا كۇرت ئېيسنېر دېگەن پاكىنەك بىر قېرى يەھۇدىي باشلامچىلىق قىلىدۇ. بۇ كىشى ئادەتتە پۇرلىشىپ كەتكەن بەكلا چوڭ قارا شىلەپە كىيىپ يۈرىدىغان بىرى بولۇپ، چىگىشلىشىپ كەتكەن چاچلىرى شۇنچە چوڭ قالپىقىغا سېغماي سىرتقا چۇۋۇلۇپ چىقىپ قالغان پاخپاق باش بىرى ئىدى. ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىمۇ بەكلا رەتسىز، كۆرۈنىشى ئالاھىدە رومانتىك بىرى بولۇپ، ئۇنى نەقلا بومبا ئېتىپ قاچىدىغان قىزىللارنىڭ تىپىك ئۈلگىسى دېيىشكىلا بولاتتى. ئۇرۇش ۋاقتىدا ئىش تاشلاشنى تەشكىللىگەنلىكى ئۈچۈن 9 ئايدەك تۈرمىگە قامالغان ئىدى. ئاخشىمى گۈگۈم ۋاقتىدا نۇرغۇنلىغان ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنقىلابچىلار، ميۇنخېندىكى مۇھىم ھەربى نوقتىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگىدەك ئىگەللەپ بولىدۇ. ۋىتتېلسباخ سارىيىدا تۇرىۋاتقان ئۈچىنچى لۇدۋىگ چارىسىز ئاپتوموبىللىق قېچىپ كېتىدۇ. شەھەرنىڭ جەنۇبى تەرىپىدە ئۇنىڭ پىكاۋى يولدىن چىقىپ يول بويىدىكى قۇمچامغۇرلۇققا ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. بۇ ۋەقە، باۋارىيە كىنەزلىكىگە ئەڭ ئۇيغۇن بىر ئاقىۋەت بولغان ئىدى.
شۇ ئاخشىمى، كەينى-كەينىدىن ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان قىزىل بايراق كۆتۈرۈشكەن كىشىلەر جاراڭلىق مارش توۋلاشقىنىچە دەبدەبىلىك بىلەن شەھەردىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ئېيسنېرنىڭ ئادەملىرى تۆمۈريول ئىدارىسى بىلەن ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەرگە قارىتا ھېچكىم قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ. ئىسىيانچىلار ئىستىھكام سەپلىرى بويىچە پىلىموتلارنى تىكلىشىۋاتقىنىدا نەق مەيداندا تۇرغان ساقچىلارمۇ ئۇلارنى كۆرمەسكە سېلىپ ئوتتۇرلۇقتىن يوقىلىدۇ. ميۇنخېن شەھەر خەلقى ئەتىسى سەھەر كوچىغا چىققىنىدا، ئۇلارنىڭ باۋارىيىسى جۇمھۇرىيەتكە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ ئىنقىلاب، نېمىس پاسونى بويىچە يۈز بەرگەن بىر ئىنقىلاب بولۇپ، تۈزۈك قان تۆكۈلۈشمۇ يۈز بەرمەستىن بەكلا ئاسان ئىشقا ئاشقان ئىدى. خەلق ئاممىسىمۇ ئۇخشاش روھتا ئۇلار بىلەن تەغدىرداش بولۇپ بەرگەچكە، بىرەر زوراۋانلىق ھەرىكىتىمۇ يۈز بەرمەيدۇ. ميۇنخېنلىقلار شۇ ھالەتتە سۈكۈت ئىچىدە ئىنقىلاپ ئاقىۋېتىنى كۈتىدۇ.
تەرتىپلىك بىر شەكىلدە قانات يايدۇرۇلغان ئىنقىلاب دولقۇنى پۈتكۈل گېرمانىيە بويىچە ئىستىخىيىلىك قوزغىلىپ يېيىلىپ بارىدۇ. فرىدېرىخ شافېن شەھىرىدە زېپپېلىن زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەشكىللەپ چىقىدۇ. ستۇتگارت رايونىدىكى ئىشچىلار، دايملېر ئېغىر تىپلىق ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىش تاشلايدۇ. ئېيسنېرغا ئوخشاش كۆزقاراشتىكى سوتسىيالىزمچىلار رەھبەرلىكى ئاستىدىكىلەرمۇ شۇلارغا ئوخشاش تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. فرانكفۇرتتىمۇ ماتروسلار قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. كاسسېلدا، بىر نەپەر قۇمانداننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل شەھەر قوغداش قىسىملىرى ئىسىيان قىلىپ بىر پايمۇ ئوق ئاتماي غەلىبە قىلىدۇ. كولوگندا بولسا، پەقەت بىر قانچە پاي ئوق ئېتىش بىلەنلا 45 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرى بولغان شەھەر قوغداش قىسىمى بىراقلا قىزىللار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، شەھەر ئىچى تەرتىۋى تېزلا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. خانوۋېردا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەربى قىسىملارغا قۇرال ئىشلىتىش توغرىلىق بويرۇق بەرگەن بولسىمۇ مەمورلار توپىلىڭى غەلىبە قىلىپ ھەربىلەر ئىسىيانچىلار تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. دۇسسېلدورف، لېيپزىگ، ماگدېبۇرگ قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئەھۋال ئوخشاش ئىدى. پۈتكۈل گېرمانىيە تەۋەسىدە ھاكىمىيەت يا ئىشچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ يا بولمىسا ئەسكەر ۋەكىللەر كومىتېتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ھۆكۈمەتلەر بىر-بىرلەپ ئاغدۇرىلىدۇ. 9-نويابىرغا كەلگەندە، گېرمانىيە پادىشاھى تەختىنى بوشىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ دۆلەت ھاكىمىيىتى موتىدىل سوتسىيالىزمچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ رەھبىرى ئەسلى بىر ئىگەرچى بولغان فريېدرىخ ئېبېرت دېگەن كىشى ئىدى. نەتىجىدە، 1871-يىلى 18-يانۋاردا فرانسىيىنىڭ ۋېرسايىل ئوردىسى “ئەينەكلىك ساراي” دا پروسىيە ئىمپىراتورى بىرىنچى ۋىلھېلمنى، يەنى ئىككىنچى ۋىلھېلمنىڭ بوۋىسىنى گېرمانىيىنىڭ تۇنجى ئىمپىراتورى دەپ ئېلان قىلىش بىلەن قۇرۇلغان نېمىس ئىمپىرىيىسى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ھادىسىلەر يەنە بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭمۇ بىشارىتى ئىدى. شۇندىن 48 يىل بۇرۇن، بىسمارك ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق گېرمانىيە بىلەن نېمىس خەلقى ئۈچۈن يەپ-يېڭى بىر ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن ئىدى. مانا بۈگۈن، شەرقى پروسىيە باي-پومىشچىكلىرى بىلەن چوڭ سانائەتچىلىرىنىڭ راھەت-پاراغەت ئىچىدە ياشىشىنىڭ ئۇلى بىر كېچىدىلا غۇلاپ چۈشىدۇ. يەنە شۇ بىر كېچىدە ئىمپىرىيە دۆلەت بايرىقىنىڭ يەرگە چۈشىشى بىلەن تەڭ،73 كوپ سانلىق نېمىسلارنىڭ ۋەتەن سۈيىدىغان، ئەمما كونسىرىۋاتىپلارچە ھاياتىنىڭ ئاساسى بولغان سىياسىي پەلسەپە قارىشىمۇ پارچىلىنىپ يوق بولىدۇ.
ئېبېرتنىڭ باش ۋەزىرلىك تەختىگە ئولتۇرغانلىقى، بەلكىم نېمىس خەلقىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان ئىشلاردىن بىرى ھېسابلانسا كېرەك. پەقەت بىرلا كۈن ئىچىدە، خوخېنزوللېرنلار جەمەتىنىڭ ھۈكۈمىرانلىقى يەر بىلەن يەكسان بولۇپ توزۇپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئادەتتىكى بىر پۇخرا ئولتۇرۇپ گېرمانىيىگە بۇيرۇق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغان ئىدى. بۇ قانداق گەپ؟ بۇنداق بىر ئىش قانداقلارچە مۇكىن بولالايدۇ؟ ئېبېرتمۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنى تىكەنلىك بىر گىلەم ئۈستىدە ئولتۇرىۋالغاندەك ھېس قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، جاھانگىرلار يۈلەپ تۇرغۇزغان خەلق ئۈچۈنمۇ بىر نۇمۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېبېرتنىڭ ئۆزىمۇ ئېنىق بىلەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ھەتتا كوچىدىكى رادىكال ئىدىيىلەرگىمۇ ۋەكىللىك قىلالمىغىدەك تايىنى يوق بىرسى ئىدى. ئەسلىدە، ئۇ زادى كىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ بۇنىمۇ ھېچ كىم بىلمەيتتى. ئاخشىمى گۈگۈم ۋاقتىدا، شاھزادە ماكس خوشلاشقىلى كەلگىنىدە ئېبېرت نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ ھۇجۇقۇپلا كەتكەن بولۇپ، كەينى كەينىدىن يالۋۇرۇپ ئۇنى بېرلىندا تۇرۇپ قېلىشىنى، خوخېنزوللېرن سۇلالىسىغا ۋاكالىتەن ئىجرائىيەت مەسئولى بولۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ سەھەر سائەت 5 تە، ئېبېرت ھۈكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ماتتىئاس ئېرزبېرگېر، مارېشال فوكنىڭ خۇسۇسى ۋاگونىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالايدۇ. شۇنداق قىلىپ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دا دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرى توختىتىلىدۇ. يەنى، شۇ يىلىنىڭ 11-نويابىر كۈنى سائەت 11 دا، بۇ كىلىشىمنامە ئارقىلىق ئۇرۇشتا پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن بىر مىللەتكە تىنچلىق كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، شۇ قاتاردا “نويابىر جىنايەتچىسى” دېگەن ئەپسانە، يەنى ئاتالمىش ’سوتسىيالىزمچىلار مىللىتىمىزنى سېتىۋەتتى‘ دەيدىغان ئەپسانە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەسلىدە، بۇ ئۇرۇشنى ئۇتقۇزۇپ قويغانلار بۇ سوتسىيالىزمچىلار ئەمەس بەلكى گېرمانىيە ئىپىراتورى بىلەن گېرمانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ گېنېراللىرى ئىدى. ئەمما پرىزدېنت ۋىلسون ئۇلار بىلەن ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسى ئىمزالاشنى رەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ئورنىغا دېموكراتىك كۈچلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەسلىدە ۋىلسون، سوتسىيالىزمچىلارنى ئۆزىلىرى مەسئۇل بولالمايدىغان بۇ ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق، ئادولف ھىتلېرغا ئىنتايىن كۈچلۈك ۋەيران قىلىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ خالىغىنىچە ھەرىكەت قىلالىشىقا يارايدىغان بىر سىياسىي  قۇرالنى تۇتقۇزغان دېيىشكىمۇ بولاتتى.

5
1918-يىلى11-نويابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ھىتلېر، بىمارنىڭ “يالۇغلىنىش سەۋەبىدىن كۆزى ئېچىشقاندىن باشقا دەردى بولمىغاچقا ھەربىي سەپكە قايتىشى مۇمكىن” دېگەن دياگنوز قويۇلغانلىقى ئۈچۈن پاسۋالك دوختۇرخانىسىدىن ئايرىلىدۇ. كېيىنچە، ھىتلېر سوتتا شاھىتلىق قىلىپ گېزىت تېمىلىرىنىلا غۇۋا كۆرەلەيدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن كىتاب ئوقۇيالمايدىغان ئوخشايمەن دەپ بەكلا قورققانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ غەزەپلەنگەن ھالدا “ئۇ كۈنلەردىكى دوختۇرخانا دېئاگنوزى ئىنقىلاب دەۋرىدە يېزىلغان بىر دوكلات. ئۇ ۋاقىتلاردا ھېچ بىرىمىزنىڭ كېسىلىگە تۈزۈك قارىمايتتى. بىزنى پادىدەك ھەيدەپ دوختۇرخانىدىن چىقىرىۋېتىشتى. ھەتتا مەن ئۇ چاغدا بېرىلىدىغان ئازغىنە ئەسكەرلىك مائاشىمنىمۇ ئالالمىغان ئىدىم” دەيدۇ سوتتا.
ھىتلېرنى زاپاس 16-بېرىگادىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى بۇيرۇق قىلىنىدۇ. قىسىمنىڭ شىتاپ ئورنى ميۇنخېندا ئىدى. يول ئۈستىدە ھىتلېر چوقۇم بېرلىندىن بېسىپ ئۆتكەن بولىشى كېرەك. ئۇ ۋاقىتلاردىكى بېرلىن، “ئىشچى-ئەسكەر ۋەكىللەر ئىجرائىيە كومىتىتى” نىڭ قولىدا بولۇپ، بۇ ئورگان ئەسكەر، ئىشچى ۋە “مۇستەقىل ۋە كۆپسانلىق سوتسىيالىزمچىلار” بىرلەشمىسىدىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. بۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىجتىمائى ئىسلاھات قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇنداق بىر ئىسلاھاتنى بۇندىن بىر قانچە ئاي ئاۋال خىيال قىلىشنىڭمۇ مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر 8 سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛ ئىشچىلارغا چەكلىمىسىز تۈردە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى تەشكىللەش ھوقۇقى بېرىش؛ قېرى، كېسەلمەن، مېيىپ ۋە ئىشسىز ئىشچىلارغا پاراۋانلىق ياردىمىنى كۆپەيتىش؛74 گېزىت-ژۇرناللارنى تەكشۈرۈش تۈزۈملىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش؛ شۇنىڭدەك سىياسىي  مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
ھىتلېر بۇ تۈردىكى ئىجتىمائى ئىسلاھاتلارغا قارشى ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، ئىنقىلابىي پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇ تۈردىكى ئىسلاھاتلارنى قىلىشىغا پەقەت ئىشەنمەيتتى: بۇ ئىجرائىيە كومىتىتى بولشېۋىكلارنىڭ بىر قۇرالىدىنلا ئىبارەت، ئۇلار ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەرنى سېتىۋەتكەن خائىنلار؛ ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى باشقا بىر قىزىللار ئىنقىلابى قوزغاش دەپلا قارايتتى. ھىتلېر، مىيونخېننىڭ شۋابىڭ رايونىغا يېقىن بىر يەردىكى تۈركېنسىتراس كوچىسىغا جايلاشقان ھەربى گازارمىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتىدا بۇ يەردىمۇ يوقۇرقىدەك ساتقۇنلۇق روھى ئالامەتلىرىنى سېزىدۇ. شۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، بۇ قىسىم ئاللىمۇقاچان ئېيسنېر ھاكىمىيىتى تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، “ئەسكەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى” نىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بىر يەرگە ئايلانغان ئىكەن. بۇ يەردە ھەربى ئىنتىزام دېگەندىن زادىلا ئەسەر يوق ئىدى. پۈتۈن قىسىم رەسمى توڭگۇز قوتىنى ھالىغا ئايلىنىپ بولغان. بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا ئاكوپلاردا جەڭ قىلىپ كەلگەن كونا ئەسكەرلەرگە پەقەتلا ھۆرمەت قىلىشمايتتى. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كۈندىلىك ئۈچ ۋاقىت تامىقى بىلەن ئاخشىمى بېشىنى تىققىدەك بىر يەرنىڭلا غېمىدا يۈرىدىغان كىشىلەر ئىدى. بۇ يەرنىڭ ھالى بىر زامانلار ھىتلېر يوقسۇللۇق دەردىنى تارتىپ كىرىپ ياتقان ۋيېننادىكى ماننېرھېيمدىنمۇ خاراپ ئەھۋالدا ئىدى. بولۇپمۇ ھىتلېرنى بەكىرەك بىئارام قىلغىنى، كومىتىت ئەزالىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى بولۇپ، “ئۇلارنىڭ شوغۇللىنىۋاتقان ھەممە ئىشى مېنى قاتتىق يىرگىندۈرەتتى. شۇڭا مەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇ يەردىن تېز چىقىپ كېتىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم” دەيدۇ ھىتلېر. ھىتلېرنىڭ تەلىيىگە، بۇ قىسىمدا ئۆزىگە ئوخشاش بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىدىن يىرگىنىدىغان كونا سەپدىشىدىن بىرسى ئۇچۇراپ قالىدۇ. “ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ھۇرۇن، ئەڭ داپشاق، ئەڭ يۈزسىز بولغانلىرى، شۆبىھسىزكى ھېچ قاچان ئاكوپ كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەر ئىدى. — دەيدۇ ھىتلېر بىلەن بىرلىكتە ئالاقىچىلىق قىلغان كەسىپدىشى ئېرنىست شمىدت شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ، — ئۇ يەر ھۇرۇن، قورقۇنچاقلار بىلەن تولغان بىر يەر ئىدى.” ئارىدىن ئىككى ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتكەندە، تراۋۇنستېين ئۇرۇش ئەسىرلەر لاگىرى (سالزبۇرگ يولىدا بولۇپ، ميۇنخېننىڭ 60 مىل شەرقىدىكى بىر يەر) گۇندىپايلىققا ئادەم ئىستەپ يۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ھىتلېر، شمىدتقا، ئىككىمىز بىرلىكتە بۇ ئىش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرايلى دەپ مەسلىھەت قىلىدۇ. ئۇ يەردىكى كۈزەتچىلەر گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك “ئىنقىلابىي ئەسكەرلەر” دىن تەشكىل تاپقان ئىكەن. ئۇلارنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئوفىتسېرلاردىن بىرى ئالدىغا چىقىدۇ. ئۇ ئەسكەرلىرىگە بويرۇق قىلىۋېدى، ئەسكەرلەر، بۇ ئەمەلدارىمىز ھەربى ئىنتىزام تۈزۈمىنىڭ ئاللىمۇقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىدىن پەقەتلا خەۋىرى يوقكەن دەپ مازاق قىلىپ كۈلۈشىدۇ. ئەتىسى، ئەسكەرلەردىن بۇرۇن ئاكوپلاردا جەڭ قىلغان بىر قانچە كىشىدىن باشقا قالغان ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى ميۇنخېنغا قايتۇرۇلىدۇ. ھىتلېر بىلەن شمىدت ئىككىسىلا بۇ يەردە قالىدۇ.

6
شۇ كۈنلەردە، بېرلىندا چېكىدىن ئاشقان سولچى گۇرۇپ ھېسابلانغان “ئىسپارتاكچىلار” (ئىسپارتاك، قېدىمقى رىمدا بىر قۇل گلادىياتور بولۇپ، كېيىن رىملىقلارنىڭ ھۈكۈمىرانلىقىغا قارشى قوزغالغان ئىسيانچىلارنىڭ داھىيسى بولغان، بۇ قىسىمنىڭ نامى شۇنىڭدىن ئېلىنغان — ھ. ئىزاھات)، ئىسيان كۆتۈرگەن ماتروسلارنىڭ ھەمكارلىقىدا كوچىلاردا ئىنقىلاب قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئىنقىلاب ميۇنخېن پاسونىدىكىدەك ئۇنداق تەرتىپلىك ئىسيانلاردىن ئەمەس ئىدى. روژدىستىۋو بايرىمى ھارپىسىدا پايتەخت بېرلىن ئاساسەن ھۆكۈمەتسىز ھالدا ئىدى. باشقا شەھەرلەردىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئېسيانلار كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇ يەردىكى ئىسىيانلار بېرلىندىكىدەك شىددەتلىك بولمىغان ئىدى. پۈتۈن گېرمانىيىدە ھەربى ۋە ساقچى ئورگانلىرى ئومۇمى يۈزلۈك پالەچ ئەھۋالدا ئىدى.
ھاكىمىيەت كۈچىنىڭ يوقىلىشى، يېڭى بىر تۈركۈم كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. يەنى “ئەركىن پولك” دەپ ئاتالغان كۈچلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ پولك ھەربى قىسىملارغا تەۋە ئوڭچىل ئاكتىپ كۈچلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ كۈچلەر خۇددى ھىتلېرغا ئوخشاش نېمىس ئىمپىرىيىسىنى قىزىللار كۈچىنىڭ ۋەيران قىلىۋېتىشىدىن قوغدايلى دەيدىغان قىزغىن ھېسسىياتقا تولغان ئىدى. ھىتلېر بىلەن بىر دەۋرىدىكى گېرمانىيىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاتلىرىدىن تەشكىل تاپقان بۇ “ئەركىن پولك” لار، بۇرۇنمۇ بۈگۈنكىدەك ھەرىكەت قىلىشلىرى ئۈچۈن ئىككى قېتىم تەييارلىقتا بولغان ئىدى. بۇلاردىن بىر قېتىمقىسى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ياشلار ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ ھەرىكەت “ۋىچىر-ۋىچىرلار ھەرىكىتى” (بوۋاقلاردەك چۈشىنىكسىز غىڭىلدايدىغانلار ھەرىكىتى ياكى دادائىزم ھەرىكىتى) دەپ ئاتالغان ئىدى.75 بۇ ھەرىكەتنى قوزغىغان ياشلار ئادەتتە ھەر خىل-ھەر رەڭدە كىيىملەرنى كىيىپ ھەممە يەردە ئايلىنىپ يېڭىچە تۇرمۇش يوللىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈشىدىغان ياشلاردىن ئىدى. بۇ ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى باي ئائىلە تەبىقىسىدىن كېلىپ چىققان ياشلار بولۇپ، ئۇلار ئۆزىلىرى ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەركىن بۇرژۇئازىيە جەمئىيىتىنى پەس كۆرەتتى. ئۇلار، “ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ دىنى ئېتىقاتلىرىنىڭ پەقەتلا ئاساسى يوق ساختا ئېتىقاتلار؛ سىياسەت دېگىنى پو ئېتىش سەنئىتى بولۇپ، قىلچە مەنىسى يوق بىر ئىش؛ ئىختىساد دېگىنى نۇمۇسسىزلىق، ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس؛ مائارىپ دېگىنى كونا يولدا چىڭ تۇرىۋالىدىغان يېڭىلىق كۈچى بولمىغان بىر ئىش؛ سەنئەت دېگىنى قۇرۇق گەپ ساتىدىغان ساددا بىچارىلارنىڭ ئىشى؛ ئەدەبىيات دېگىنى يالغانچىلىق بىلەن تولغان توۋارلاشقان بىر ئىش؛ ئويۇن-تىياتىرلارمۇ قىلچە ئۆزگەرمەيدىغان بىر خىللا مۇقامغا توۋلايدىغان ساھە” دەپ قارايتتى. ئۇلار يەنە ئائىلە ھاياتى ئادەمنى چەكلەپ تۇرىدىغان بىر توساق بولۇپ، ئۇنىڭدا قىلچە سەمىمىلىك يوق دەپ قارىشاتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىككى جىنىس ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرمۇ مەيلى نىكالىق ياكى نىكاسىز بولسۇن “پۈتۈنلەي ساختىلىق بىلەن تولغان” ئىكەن. ئۇلارنىڭ غايىسى، ياشلاشتۇرۇلغان، بۇرژۇئازىيىچە ئائىلە، مەكتەپ ۋە چېركاۋدىن ئىبارەت ئۈچىسىنى بىر گەۋدە قىلغان تۈزۈمگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.
بۇ تۈردىكى ياشلار ئادەتتە بىر دۆۋە گۈلخاننىڭ ئەتىراپىغا ئولىشىۋېلپ بىر يىتەكچىنىڭ باشلامچىلىقىدا «ئەركىنلىك جەڭچىلىرى» مارشىنى ئېيتىشاتتى. بەزىدە يەنە ئۇلار ئوت يالقۇنىغا تىكىلگىنىچە ئۈن-تۈنسىز ئولتۇرۇپ “ئورمان ساداسىنى ئاڭلىماقچى” بولىشىدىكەن ياكى بولمىسا قايسى بىر ھەمرايىنىڭ نېتچې ياكى ستېفان گېئورگ ئەسەرلىرىدىن ئوقۇلغان قەلىبنى تىتىرىتىدىغان بىرەر كوپلىت شىئېرنى ئاڭلاپ ئولتۇرىشىدىكەن. يەنى، ئۇلار ئادەتتە “خەلق تەڭداشسىز ئەقىللىق ئادەمگە، ھەرىكەتكە تەشنا! … بەلكىم، سېنىڭدىكى قاتىل تەرىپىڭدە ئۇزۇن يىل كۈتۈپ ياتقان، سېنىڭ تۈرمەڭدە نۇرغۇن يىل ئويقىدا ياتقان بىرسى ئۇشتۇمتۇت سەكرەپ قوپۇپ بۇ ھەرىكەتنى ئورۇندىشى مۇمكىن!” دېگەندەك نەرسىلەرنى ئاڭلايدىكەن. ئۇلار مىستىتىسىزم بويىچە گۈللەپ ياشناپ، ئىدېئالىزم تۈرتكىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىش دېگەندەك ھەرىكەتلەرگە تەشنا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىشىدىكەن.
ئۇلار ئارزۇ قىلىشقان بۇنداق ھەرىكەتكە جاھان ئۇرۇشى جەريانىدا ئېرىشكەن ئىدى. ئېھتىمال، مانا بۇ تەرىپى ئۇلارنىڭ ھىتلېرغا ئوخشايدىغان تەرىپى بولۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن قىلىنغان ھەرقانداق بىر ئىشنى ھەققانىي دەپ قارىشىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئورتاق تەرىپى بولىشى كېرەك. جەڭ مەيدانىدىكى ھايات، ئەسكەرلەر بىلەن كوماندىرلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ھايات-ماماتلىقتا ئورتاق تەغدىرلىك، بىر-بىرسىگە قول-پۇت بولۇش تۇيغۇسىنى يارىتىپ بېرەلەيتتى. ئەسكەرلەر ئۆزلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ جەڭ قىلىشلىرىغا قاراپ ئۇلارغا قايىل بولغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئايىقىنى سۆيگىدەك ھالغا كېلىشەتتى. “ئۇلار ئۈچۈن ئۇ ئەمەلدارلار ھەرگىز بىر كوماندىرلا بولۇپ ھېسابلانماستىن ئۇلارنىڭ داھىيسى ھېسابلىناتتى! ئەسكەرلەر بۇ داھىنىڭ بىر سەپدىشى ھېسابلىناتتى! شۇڭا ئەسكەرلەر ئۇ داھىسىغا قارغۇلارچە بوي سۇنىشاتتى، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا داھىلىرى بىلەن بىرگە دوزاققا كىرىشكىمۇ تەييار ئىدى.” ئۇلار ئالدىنقى سەپلەردە گېرمانىيىدە بۈگۈنگىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان دېموكراتىك مۇناسىۋەتلەرنى يارىتىشقان ئىدى. ئۇلارنى نەچچە چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتىكى ئاكوپلاردا دۇنيادىن بىخەۋەر يېتىشىپ، بىر ھېساپتا “تاملىرى ئوتتىن بولغان چېركاۋدا بىرلىكتە ياشىغانلار” دېيىشكىمۇ بولاتتى.
ئالدىنقى سەپلەردىن كەلگەن بۇ يولداشلار، يەنى بۇرۇنقى بۇ “ۋىتىلداقلار”، خۇددى ھىتلېرغا ئوخشاش تەسلىم بولۇشنى ئەڭ ئېغىر نومۇس دەپ تونۇيدىغان، ۋەتەن ئىچىدىكى بىرلىك سەپكە ئىشەنمەيدىغان ھالغا كەلگەن ئىدى. چۇنكى ئۇلار تەسلىمىيەتچىلەرنى بولشېۋىكلار قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان كىشىلەر دەپ قارىشاتتى. ھەربى دائىرىلەرمۇ تەشۋىقات تاختىلىرى ۋاستىسى بىلەن “سپارتاكچىلار” نىڭ خەۋىپىدىن ھېلىغىچە تولۇق قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەنلىكىنى، ئەسكەرلەر بىرلىكتە “ئەركىن پولك” تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ “گېرمانىيىنى دۇنيادا مازاق قىلىنىش ئوبىكتىۋى” بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىق قىلىشاتتى. بۇنداق بىر چاقىرىققا كونا ئەسكەرلەرنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئاۋاز قوشقانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. بۇ تۈردىكى قانۇنسىز قىسىملار تەشكىللىنىۋاتقان كۈنلەردە، كۆپلىگەن بېرلىنلىقلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن “سپارتاكچىلار” مۇ بېرلىننى قولغا چۈشۈرۈشكە كىرىشكەن ئىدى. ئۇلار نۇرغۇنلىغان ئاممىۋىي ئورگانلارنى، قاتناش-تىرانسىپورتنى ۋە شۇنىڭدەك ھەربى زاۋۇدلارنى تېزگىنلىۋالغان ئىدى. 1919-يىلىنىڭ 3-يانۋاردا ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە قالغان ئېبېرت ھۆكۈمىتى “سپارتاكچىلار” غا ھېسداشلىق قىلدىڭ، تېخى يېقىندىلا ماتروسلارنىڭ ئىسىيان قىلىشىنى قوللىغان ئىدىڭ، دېگەننى باھانە قىلىپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ. شۇ كۈلەردە ئۆزلىرىنى ئاشكارە ھالدا كومپارتىيە دەپ ئېلان قىلىشقان بۇ “سپارتاكچىللار”، قىساس ئېلىش ئۈچۈن ئاشكارە ئىنقىلاب قوزغاشقا چاقىرىق قىلىدۇ.76 بېرلىندىكى ئىشچىلار بۇ چاقىرىققا قىزغىن ئاۋاز قوشىدۇ. 6-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، 200 مىڭ كىشىلىك ئىشچىلار قوشۇنى مۆرىسىدە مىلتىق، قولىدا قىزىل بايراقلارنى كۆتۈرۈشۈپ ئالېكساندېر مەيدانىدىن يولغا چىقىپ تيېرگارتېندا بىر يەرگە يىغىلىشقا باشلايدۇ. زىمىستان سوغۇق بىلەن ئەتىراپنى قاپلىغان قۇيۇق تۇمانمۇ ئۇلارنىڭ قىزغىنلىق روھىنى سۇۋۇتالمايدۇ. ئۇلار سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارتىيە گېزىتى «ئالغا» گېزىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن ۋولف پوچتا-تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىمۇ بىرلىكتە قولغا ئالىدۇ. باش مىنىستىرلىك بىناسىمۇ بۇ غەزەپلەنگەن خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قورشۋېلىنىدۇ. ئۇ يەردە ئېبېرت بىلەن ئۇنىڭ ھەمرالىرى مۆكۈنىۋالغان ئىدى.
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، كوممۇنىستلار براندېنبۇرگ دەرۋازىسى ئۈستىدىكى ھەيكەللەر ئەتىراپىدا ئولتۇرىۋالىدۇ. ئۇنتېردېنلىندېن، كۆنىگسىتراس كوچىسى، چارلوتتېنبۇرگېر كوچىسى قۇراللىق ئادەملىرى بىلەن تولىدۇ. ئۇلار ستىراتىگىيىلىك ئورۇنلاردىن پويىز ئىستانسىسىنى ئىگەللىۋالغاندىن باشقا، ھۆكۈمەت باسمىخانا بىناسى بىلەن بۆتزوۋ ھاراق زاۋۇتىنىمۇ ئىگەللىۋالىدۇ. بىر سوتكىغا قالماي شەھەر ئىچىدە ھۆكۈمەت قولىدا بولغان ئاساسلىق ھۆكۈمەت بىنالىرى يوق دېيەرلىك ئىدى.
ئەگەر “ئەركىن پولك” چىلار قول سالمىغان بولسا ئىدى، بېرلىن، ھەتتا ئاخىرقى ھېسابتا پۈتكۈل گېرمانىيە كومىنىستلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. بىر ھەپتىگە قالماي ھەربى قىسىملار شەھەر سىرتىدىن بېسىپ كىرىپ قىزىللارنىڭ تىركىشىش نوقتىلىرىنى بىر-بىرلەپ يىمىرىپ تاشلايدۇ. “سپارتاكچىلار” تەشكىلاتىنىڭ روزا لىيۇكسېمبۇرگ ئىسىملىك، “قىزىل ئەتتىرگۈل” لەقەملىك پاكىنەك داھىيسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق رەھبەرلىرى قولغا ئېلىنىپ ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ.

“قىزىل ئەتتىرگۈل” ئۆلتۈرۈلۈپ تۆتىنچى كۈنى، يېڭى جۇمھۇرىيەتتە تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزىدۇ. سايلام، بەكلا سوغۇق بىر يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى سايلامدا گېرمانىيە تارىخىدا ئاياللارغا تۇنجى قېتىم سايلام ھوقۇقى بېرىلىدۇ. سايلامغا قاتنىشىش سالاھىتى بار 35 مىليون خەلقتىن 30 مىليون كىشى 423 نەپەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئۈچۈن ئاۋاز بېرىدۇ. سايلام نەتىجىسىنى پەرەز قىلىشقا بولسىمۇ، يەنىلا ھەيران قالارلىق نەتىجە ئوتتۇرغا چىقىدۇ. خوخېنزوللېرن جەمەتى ئورنىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنى كۆرۈنۈشتە قوبۇل قىلمايدىغان، ئەمما ئاستىرىتىن ئارزۇ قىلىدىغان ئىككى ئوڭچىل پارتىيە پارلامېنت دېپوتاتلىق ئورنىنىڭ يۈزدە 15 قىسمىغا ئېرىشكەن بولۇپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوللايدىغان ئوتتۇرىدا قالغان پارتىيە خۇددى ئېبېرتنىڭ “سوتسىيالىزمچىلار كۆپ سانلىقى” غا ئوخشاش 40 پىرسەنت پارلامېنىت ئورنىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. رادىكال سول پارتىيە بولغان “مۇستەقىل سوتسىيالىزمچىلار” بولسا ئارانلا 7 پىرسەنت دېپوتات ئورنىغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ سايلام، گەرچە ئەكسىل ئىنقىلابچىلار ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسەتسىمۇ، جۇمھۇرىيەتنى ھىمايە قىلىدىغانلارنىڭمۇ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىر سايلام بولغان ئىدى. بۇ ئەھۋال، پارلامېنت ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايسى شەكىلدە بولىشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىناتتى.
ھەممە يەرنى قۇراللىق تىركىشىش قاپلاپ كەتكەن بېرلىن بىخەتەر ئەمەس دەپ قارىلىپ، پارلامېنت ئورنى ئۈچۈن پايتەختتىن 150 مىل غەربى جەنۇبقا جايلاشقان ۋېيمار شەھىرىگە يۆتكۈلىدۇ. بۇ يەرنىڭ تاللىنىشى مەدەنىي ۋە جوغراپىيىۋىي ئەھمىيەتكىمۇ ئىگە ئىدى. يەنى بۇ يەر گيوتى، شىللېر ۋە لىسزتنىڭ يۇرتى ئىدى. خەلق كېڭىشى، يەنى پارلامېنت يىغىنى 6-غېنىۋاردا يېڭى دۆلەتلىك تىياتىرخانىسىدا ئېچىلىدۇ. قۇرۇلتاي خوخېنزوللېرن ۋاقتىدىكىدەك ئۇنچىۋالا داغ-دۇغا قىلمايلا رەسمىيەتسىز ئېچىلىدۇ. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئوركىستېر، ئاتلىق پاراتچىلار ياكى ئاجايىپ كىيىملىك پاراتچىلارمۇ يوق ئىدى.
قۇرۇلتاي، 5-كۈنى بىر ئىجرائىيە ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ ئېبېرتنى ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن رېيچنىڭ، يەنى ئىمپېرىيىنىڭ تۇنجى قېتىملىق پرىزدېنتلىقىغا تەيىنلەيدۇ. ئۇمۇ بىر باش ۋەزىر تەيىنلەيدۇ. تەيىنلەنگەن باش ۋەزىر ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشقا كىرىشىپ، كۈچلۈك ئىرادىلىك، ئۆزىنى ساقچى ئاپشاركىسى دەپ ئاتىۋالغان نوسكنى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكىگە كۆرسىتىدۇ. بۇ، ھەقىقەتەنمۇ قىزىق بىر تاللاش ئىدى. بۇ دېمەك، “ئەركىن پولك” ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا پائالىيەت قىلىشى ھەمدە دۆلەت مۇداپىيىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى ئۈچۈن قىزىللىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.77

7
باۋارىيىلىكلەر ئادەتتە پروسىيىلىكلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئۆچلۈك قىلاتتى. بۇنى باۋارىيىلىكلەرنىڭ بىر ئادىتى دېيىشكىمۇ بولاتتى. شۇنداق بولغاچقا، ميۇنخېندىكىلەر ۋېيماردا يۈز بەرگەن ئىشلارغا ئاساسەن قىزىقمايدۇ. ئېبېرت ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن گېرمانىيىدە دېموكراتىك تۈزۈم تىكلەشكە ئۇرۇنۇشلىرى مىيونخېن شەھەرىدىكى كىشىلەرگە بەك تونۇشلۇق بولمىغان ميۇنخېنلىق زىيالىيلار ساھەسىنىڭ رەھبىرى بولغان ئوسۋالد سپېڭگلېرنىمۇ قىلچە قىزىقتۇرمايدۇ. 1918-يىلى ئەتىيازدا، تەركى دۇنيالىقنى ياخشى كۆرۈپ ئاياللاردىن يىرگىنىدىغان، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان نامىرات بويتاق ئېبېرت، «غەرىپنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتىشى» دېگەن كىتاۋىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى نەشرى قىلدۇرغان ئىدى. كىتابنىڭ قالغان قىسىملىرى تېخى تولۇق بازارغا چىقماي تۇرۇپلا بۇ كىتاب گېرمانىيە بويىچە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. “1789-يىلقى فرانسۇزلارغا ئوخشاش، بىزمۇ بۇ بەخىتسىزلىك ئىچىدىن چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە ئالغا ئىلگىرلىشىمىز شەرت. بىز ئەسلىدە رەھىمسىزلەرچە جازالىنىشقا لايىق ھالغا كېلىپ بولغان ئىدۇق. ئەمما 4 يىللىق ئۇرۇشمۇ بىز ئۈچۈن بىر جازالىنىش ھېسابلانمىدى. — دەيدۇ قايسى بىر سەپدىشىغا يازغان خېتىدە، — … ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلغاندا ۋەھىمە شۇنچە ھاياجان پەيدا قىلىدىغان، شۇنچە ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىدىغان شەكىلدە بۈگۈنگىچە تەرەققىي قىلدىكى، ھەتتا ناپالىئوندەك بىر مۇستەبىتنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنىمۇ كۆپچىلىك قۇتقۇزغۇچىمىز كەلدى دەپ قارشىدىغان ھالغا كەتۈرۈلدۇق.”
ئۆزىنى سىياسەت ئۈچۈن تۇغۇلدۇم، شۇڭا چوقۇم سىياسەت بىلەن شوغۇللىنىشىم كېرەك دەپ ھېسابلاپ يۈرگەن ھىتلېر، شۇ كۈنلەردە ميۇنخېنغا قايتىش تەييارلىقىغا كىرىشكەن ئىدى. تراۋنستېيىندىكى ئەسىرلەر لاگىرى تاقىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، شمىدت بىلەن ئىككىسى بىرلا ۋاقىتتا 2-پىيادىلار پولكىغا تەقسىم قىلىنىدۇ. بۇ پولك گازارمىسى شۋابىڭدا ئىدى. بۇلاردەك غايىلىك يەنە بىر سەپدىشىمۇ ميۇنخېندا ئاساس سېلىۋالغان ئىدى. بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئالفېرد روزېنبېرگ بولۇپ، بۇ ئادەم ئەسەبىي يەھۇدىي دۈشمىنى ۋە ماركسىزمغا قارشى ئېستونىيىلىك بىرى ئىدى. ئۇ روسىيەنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ھەقىقى يۈرتى بولىدىغان يەر ئاختۇرۇپ بۇ يەرگە كېلىپ يەرلەشكەن بىرسى ئىدى. ئۇمۇ ھىتلېرغا ئوخشاش ھەم رەسسام ھەم بىناكار؛ شۇنىڭدەك ئۇمۇ خۇددى ھىتلېرغا ئوخشاش بۇ يەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان نېمىسلاردىنمۇ بەكرەك نېمىسچى ھېسسىياتتىكى بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئانا ۋەتىنىنى تاشلاپ چىقىشىدىكى بىردىن-بىر مەقسىدى، بۇ يەرلەردە ئۆزىگە بىر ۋەتەن ئاختۇرۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ۋەتىنىدىكىلەرنى ئۇنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنى خانىۋەيران قىلىۋەتكەن بولشېۋىك تېررورچىلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، شۇنىڭدەك ۋەتىنىنىڭ يەھۇدىي كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشنى غايە قىلىش ئىدى (ئا. ئابدۇلھەق بوران تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، تور بەتلەرگە قويۇلغان تۈركىيىلىك پروفېسسور دوكتور ئابدۇل ئەھەت ئەنجاننىڭ «جەدىتچىلىكتىن مۇستەقىللىققىچە چەتئەللەردە تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەشلەر» — يەنى «سوۋېت دەۋرىدە ئورتا ئاسىيا باندىتلىرىنىڭ ئاقىۋېتى» — دېگەن ئەسىرىدە روزېنبېرگنىڭ سوۋېت قىزىل ئارمىيە ئەسىرلىرىدىن پايدىلىنىش جەريانىدا ئورتا ئاسىيالىق تۈركى ئەسىرلىرى ۋە ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىر سىياسىي كۈرەشچىلەر بىلەن ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى بىر قەدەر تەپسىلى بايان قىلىنغان. — ئۇ. ت).
روزېنبېرگ، ئېكارت ئىسىملىك گېرمانىيەلىك يازغۇچىدا نۇرغۇن جەھەتلەردە ئورتاقلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ بۇ يازغۇچى بىلەن تونۇشۇش خىيالىغا كېلىدۇ. ديېترىخ ئېكارت دېگەن ئۇ ئادەم شائىر، دراماتورگ، قەھۋەخانا سۆھبەت زىيالىسى بولۇپ، ئىگىز بويلۇق، بەستلىك، چوققىسى پارقىراپ تۇرىدىغان تاقىرباش غەلىتە كۆرۈنۈشلۈك بىر ئادەم ئىدى. ئۇ ئادەتتە قەھۋىخانىلار بىلەن قاۋاقخانىلاردىلا يۈرەتتى. شۇنىڭدەك ھاراققا ئامىراق، مۇنازىرە قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىرى ئىدى. ئۇ، باۋارىيە كىنەزى مەسلىھەتچىسىنىڭ ئوغلى (بىر چاغلاردا “نېرۋىسى چاتاق” دېيىلىپ بىر مەزگىل مەلۇم بىر دوختۇرخانا روھىي كېسەللىكلەر بالىنىسىغىمۇ چۈشۈپ چىققان) بولغاچقا، كونا ئىسىلزادىلار ئارىسىغا كىرىش ئىمكانىمۇ بار ئىدى. بەكلا غەلىتە ھەرىكەتلەرنى قىلىپ يۈرگىنىگە قارىماي يەنىلا بەزى تالانتلىق تەرەپلىرىنىمۇ يوق دېيىشكە بولمايتتى (ئۇ تەرجىمە قىلغان «ئاق سۈڭەك پېر» دېگەن كىتابىنىڭ تەرجىمە سۈپىتى پەۋقۇلئاددە يوقىرى بولغاچقا، بۇ تەرجىمە نۇسخىسى ئۆلچەملىك نېمىسچە تەرجىمە دەپ قوبۇل قىلىنغان). ئۇ، نېمىس پەرەس، يەھۇدىيلارغا قارشى بىرى ئىدى. ئۇ ئۆز چىقىمى بىلەن ھەپتىلىك گېزىت چىقارغان بولۇپ، ھەر سانىنىڭ تىراژى 30 مىڭ نۇسخىغا يەتكەن ئىدى.
روزېنبېرگ بىرەرسىنىڭ تونۇشتۇرىشىسىزلا ئېكارت دېگەن بۇ ئادەمنىڭ ئىشىكىدە پەيدا بولىدۇ. روزېنبېرگ كورىدورغا كىرىشى ھامان، ئېكارت بۇ يىگىت ھەقىقەتەنمۇ قىزغىن مۇئامىلىلىك، بەكلا ئەستايىدىل كىشى ئىكەن دەيدىغان تەسىراتقا كېلىدۇ. روزېنبېرگ ئۇنىڭدىن “جانابىڭىزغا ئېرۇسالىمغا قارشى جەڭچىلەر كېرەكمۇ؟” دەپ ئۇدۇللا سورايدۇ. ئېكارتمۇ كۈلۈپ كېتىپ “ئەلىۋەتتە كېرەك!” دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئېكارت ئۇنىڭدىن: مېھمان، قېنى ماڭا نېمىلەرنى يېزىپ كەلدىڭىز دەپ سورىشىغا روزېنبېرگ دەرھال يېنىدىن بىر پارچە ماقالىنى چىقىرىپ ئۇزارتىدۇ، بۇ «يەھۇدىيچىلىق بىلەن بولشېۋىكچىلىقنىڭ رۇسىيىدە پەيدا قىلغان ۋەيرانچىلىقلىرى» دېگەن تېمىدىكى بىر ماقالە ئىدى.78 ئۇ ئىككىسىنىڭ كېيىن ھىتلېرنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكىدەك تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغان ھەمكارلىق ئىشلىرى ئەنە شۇ تېرىقىدە باشلىنىدۇ. ئېكارت، روزېنبېرگنى “ئېرۇسالىمغا ئورتاق قارشى سەپداش” دەپ تونۇيدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، روزېنبېرگنىڭ روسىيە توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرى ئېكارت تەھرىرلىكىدىكى گېزىتتا ئېلان قىلىنىش بىلەنلا قالماي، ميۇنخېندا چىقىۋاتقان «گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدىمۇ ئېلان قىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ تۈر ماقالىلارنىڭ ئاساسى مەزمۇنى “يەھۇدىيلار دۇنيادىكى بارلىق رەزىللىكلەرنىڭ مەنبەسى؛ دۇنيا ئۇرۇشى ۋە قىزىللار ئىنقىلابىنىڭ ھەممىسى يەھۇدىي سىيونىستلىرى تەرىپىدىن كۈشكۈرتۈپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ئۇلار بۈگۈن دۇنيانى قولغا كىرگۈزۈش خىيالىدا خەلقئارا مالىيە ئورتاق گەۋدىسىنى يۇشۇرۇن پىلانلاشماقتا” دېگەنلەر ئىدى.

8
خېلى كۆپ باۋارىيىلىكلەرنىڭ نەزىرىدە، كۇرت ئېيسنېر دېگەن بۇ ئادەمنى ئىنقىلاب ئۈلگىسى دەپ تونۇلسا، يەنە نۇرغۇنلىرى ئۇنى موسكۋانىڭ مالىيە ياردىمىگە تايىنىپ ئىنقىلاب قىلىۋاتقان بىرسى دەپ قارىشاتتى. ئەمما ئەسلىدە ئەھۋال بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، تارىخىي كۈن بولغان نويابىردا ئۇنىڭ يېنىدا ئارانلا 18 مارك پۇلى بار ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ رەھىمسىز رىيالىست روسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ دەل ئەكسى بىرى ئىدى. گەرچە ئۇ باۋارىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنى باشقۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا شۇ قەھۋىخانىدىكى قىياپىتىدە يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. ئېيسنېر ھەرگىز كوممۇنىزم تۈزۈمىنى تىكلەشنى نىيەت قىلمايتتى، ھەتتا سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىمۇ خالاپ كەتمەيتتى. ئۇ ئەسلىدە ئۆزىگىچە رادىكال دېموكراتىك تۈزۈمنى تىكلەش مەقسىتىدىلا ھەرىكەت قىلىدىغان بىرسى ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇ، سىياسىيونلار ئارىسىدىكى بىر شائىر بولغاچقا، گۈزەل، چاقناپ تۇرغان، ئەقىل كۈچىگە تايىنىدىغان بىر ھاكىمىيەت تۈزۈمىنىلا ئارزۇ قىلاتتى. ئۇنى ماركسقا قارىغاندا شېللېيرغا بەكرەك ئوخشىتىش مۇمكىن. ئۇ، كىشىلەر ئالىبۇرۇن ئىسىدىن چىقىرىۋەتكەن بىر يولدا كېتىۋاتاتتى. ئەمما يانۋاردىكى سايلام ئوتتۇرا بۇرجۇئازىيە پارتىيىلىرىگە زور غالىبىيەت ئېلىپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئۇنى ئىستىپاغا زورلايدىغان تەلەپلەر ئومۇمىي يۈزلۈك ئوتتۇرغا چىقىدۇ.
ئېيسنېر تۇتقان يولىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئىمكانى يوقلىقىنى ھېس قىلىپ، 21-فېۋرال ئەتىگىنى بىر پارچە بايانات بېرىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلماقچى بولىدۇ. ئەمما ئىستىپاسىنى بېرىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپ لاندتاگقا قاراپ كېتىۋاتقىنىدا گېرتسوگ ئانتون ئاركو-ۋاللېي تەرىپىدىن سۈيىقەست قىلىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. گېرتسوگ ئاركو-ۋاللېي ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ ياش بىر ئوفىتسېرى ئىدى. ئۇنىڭ ئاپىسى يەھۇدىي بولغاچقا يەھۇدىيلارغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئىدى. ئەسلىدە ئېيسنېر بىر سائەت ئىچىدە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان، ھاكىمىيەتنىمۇ ئوتتۇرا يولنى تاللىۋالغان ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بولغان ئىدى. ئەمما ئاركو-ۋاللېينىڭ بۇ سۈيىقەست ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتى بەكلا قورقۇنۇچلۇق بولىدۇ. يەنى، بۇ سۈيىقەست تۈپەيلىدىن يەنە بىر قېتىم سولچىلار دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ. تېخى يېقىندىلا پۈتۈن خەلق تەرىپىدىن يامان كۆرىلىپ، ھەممىنىڭ قارشىلىقىغا دۈچ كېلىۋاتقان ئېيسنېر، بىراقلا ئىنقىلابىي قۇربان، پرولېتارىياتنىڭ دانىشمىنى دەپ تونۇلۇپ ئىنقىلاب دولقۇنى قايتىدىن قوزغىلىپ كېتىدۇ. ئىشچى-ئەسكەر مەركىزى كومىتىتى دەرھال ھەربى ھالەت ئېلان قىلىپ، بۇرۇن ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شوغۇللانغان ئادولف خوفمان باشچىلىقىدا تولۇق سوتسىيالىست ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت دەرھال ئومۇمى يۈزلۈك ئىش تاشلاش ئېلان قىلىدۇ. ئاخشىمى سائەت 7 دىن باشلاپ كوچىغا چىقىش مەنى قىلىنىدۇ. ستۇدېنتلار قەھرىمانىمىز دەپ تونىغان ئاركو-ۋاللېيغا تەنتەنە قىلغانلىقى ئۈچۈن ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ تاقىلىدۇ.
ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىيونال، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن موسكۋادا قۇرۇلتاي چاقىرىپ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونال قۇرۇش قارارىنى بىردەك ماقۇللايدۇ. بۇنىڭ كەينىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان غالىبىيەتنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە، لېنىن ھەر قايسى ئەل ئىشچىلار سىنىپىغا قوزغىلىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ يىتەكچىلىرىگە بېسىم قىلىپ رۇسىيىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش، دېپلوماتىيىلىك ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەمدە تېخى يېڭىلا تۇغۇلۇپ ئۇچۇرۇم بولغان بۇ دۆلەتنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەر قايسى ئەللەردىن تېخنىك-ئېنجىنېرلارنى، يىتەكچىلەرنى ئىۋەرتىشكە ھەرىكەتلەندۈرۈش چاقىرىقى چىقىرىدۇ.79
ئۇ ۋاقىتلاردا، بېرلىنمۇ دۇنيا ئىنقىلابى چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشىدۇ. شۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋال، بېرلىن ئىشچىلىرى كومپارتىيىنىڭ بۇيرۇقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئومۇمىي يۈزلۈك يۇپۇرۇلۇپ شەھەر مەركىزىگە يىغىلىپ نامايىش ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ھەرىكىتىنى باشلايدۇ. “قىزىل ماتروسلار ئىتتىپاقى” بىلەن باشقا رادىكال ھەربى گۇرۇھلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 30 غا يېقىن يەرلىك ساقچى ئىدارىلىرىنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. دېڭىزچىلار ئالېكساندېر مەيدانىدىكى باش ساقچى ئىدارىسىنى قورشىۋالىدۇ. ئۇ يەر “ئەركىن پولك” نىڭ بىر قانچە پىيادىسى تەرىپىدىن مۇداپىيە قىلىنماقتا ئىدى. ئەتىسى، “ئىشچىلار كومىتىتى” نىڭ بىر يېرىم مىڭ نەپەر ۋەكىلى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئومۇمىيۈزلۈك ئىش تاشلاش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، پايتەخت بېرلىن بىر ئۆلۈك شەھەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. يەنى توك كېسىۋېتىلىدۇ، قاتناش-ترانسىپورتلار توختاپ كېتىدۇ.
ئىنقىلابچىلارنىڭ ھەممىسىلا شەرقى شەھەر رايونىغا يىغىلغان بولۇپ، مۇھىم نوقتىلارغا پىلىموتلار تىكلەنگەن ئىدى. قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈش مەقسىتىدە دۆلەت مۇداپىيە ۋەزىرى نوسك يېڭىدىن ئۆزىگە بېرىلگەن ھەربىي ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىپ، 5-مارت كۈنى “ئەركىن پولك” نىڭ 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى شەھەرگە باشلاپ كىرىدۇ. ئىسىيانچىلارنى بىنامۇ-بىنا، ئۆيمۇ ئۆي قوغلاپ سۈرۈپ ماڭىدۇ. ئەمما بۇ چاغدا بېرلىندىكى قاۋاقخانىلار، تانسىخانىلار بىلەن رېستورانت قاتارىدىكى كۆڭۈل ئېچىش يەرلىرى ئادەتتىكىدەك ئوچۇق ئىدى؛ بېرلىندا بولسا شىددەتلىك كوچا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتاتتى؛ يەنى، بىر تەرەپ كۈچلۈك زەمبىرەك، پىلىموت ۋە ئايروپىلانلار بىلەن قىرغىن قىلسا، يەنە بىر تەرەپ مىلتىق-گراناتلار بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.
تۆت كۈنلۈك شىددەتلىك جەڭدىن كېيىن، نوسك، “ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە قۇراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر نەق مەيداندا ئېتىىلىدۇ” دەپ ئېلان قىلىدۇ. دېگەندەك، يۈزلىگەن ئىشچىنى تام تۈۋىگە تىزىپ سوتسىز-سوراقسىز ئېتىپ تاشلشىدۇ. بىر يېرىم مىڭدىن ئارتۇق ئىنقىلابچى ئېتىپ تاشلىنىپ، كامىدا ئون مىڭ كىشى يارىلىنىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي ئىسيان روھى پۈتۈن گېرمانىيىگە يېيىلماقتا ئىدى.
ساكسونىيىدە ھاكىمىيەت رادىكال كۈچلەرنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. رۇر ئويمانلىقىمۇ قورشاۋ ئاستىدا ئىدى. چىكاگو «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ گېرمانىيىدىكى ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى بىن خېچت ئىۋەرتكەن تېلېگرامما خەۋىرىدە بۇ قالايماقان ۋەزىيەتنى جانلىق تەسۋىرلەپ: “گېرمانىيىدە روھى كېسەللىك يامراپ كەتكەچكە، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىرمۇ ئادەمنى ئۇچۇرىتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئىشەنچىلىك خەۋەرنىمۇ تاپقىلى بولماس بولۇپ كەتتى” دەپ يازىدۇ.
ميۇنخېندىمۇ يەنە بىر قېتىملىق ئىنقىلاب دولقۇنى بوسوغىدا ئىدى. بۇ قېتىمقى ئىنقىلاب بۇداپېشتتىكى بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىشتىن ئىلھام ئېلىپ قوزغالغان بىر ئىنقىلاب ئىدى. 22-مارت كۈنىدىكى بىر خەۋەردە، ۋېنگرىيىدە سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم خەلق سېپى بىلەن ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر كومىتېتى نامىدا ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىشقان بولۇپ، نامى چىقمىغان بېلا كۇن باشچىلىقىدا ۋېنگرىيە سوۋېت رېسپوپلىكىسى قۇرۇلغان. بېلا كۇن ئەسلى بىر يەھۇدىي بولۇپ، 32 كىشىلىك كومىسسارىياتتا 25 نەپەر كومىسسار يەھۇدىي ئىدى. شۇڭا، لوندوندا چىقىدىغان «تايمىس» گېزىتى بۇ ھاكىمىيەتنى “يەھۇدىي قاراقول پارتىيىسى” قۇرۇپ چىققان بىر ھاكىمىيەت دەپ خەۋەر قىلىدۇ. بېلا كۇننىڭ غالىبىيىتى، ميۇنخېندىكى سولچىلارنى جاسارەتلەندۈرگەن بولۇپ، 4-ئاپرېل كۈنى ئاخشىمى، كومىتېت ۋەكىللىرى، تىزدىن ئاشىدىغان قېلىن قاردا ئېغىر قەدەملەر بىلەن (شۇ يىلى قىشتا ئۇزۇن يىلدىن بويان كام كۆرىلىدىغان قاتتىق قار يېغىپ كېتىدۇ) ئۇرۇشتىن بۇرۇن ھىتلېر ئولتۇرغان يەردىن ئىككى بىنا نېرىدىكى لۆۋېنبراۋخاۋۇس بىناسىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار بۇ يەرگە كېلىپ مۇنداق بەلگىلىمە ئېلان قىلىدۇ: “پارتىيە-گۇرۇھلارنى يوقۇتۇش، پۈتۈن پرولېتارلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، سوۋېت رېسبوپلىكىسى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىش، روسىيە بىلەن ۋېنگرىيە پرولېتارلىرى ئارىسىدا ئاكا-ئۇكىلىق مۇناسىۋەت تىكلەش. شۇ چاغدىلا دۇنيادا ھېچ قانداق كۈچ بىزنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ئومۇمىخەلق مۈلۈكچىلىكى تۈزۈمىگە كۆچۈشىمىزنى توسىيالمايدۇ.”
بۇ بىر قېتىملىق قەھۋىخانا ئىنقىلابى بولۇپ، قانلىق ئىنقىلابنىڭ ساددا كۆچۈرۈلمىسى ئىدى. بۇ ئىنقىلابقا ئېرنىست توللېر دېگەن بىر شائىر يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ كىشى سەھنە ئەسەرلىرى، رەسىم ۋە شۇنىڭدەك بىناكارلىقنىڭ سەنئەت پاسونىنى ئىسلاھات قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت روھى دۇنياسىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشنى تەرغىپ قىلاتتى.80 ھۆكۈمەت كابىنتىمۇ بەكلا غەلىتە كىشىلەردىن تەشكىل قىلىنغان ئىدى. ئالايلۇق، ئولتۇراق ئۆي كومىسسارى بويرۇق چۈشۈرۈپ، بۇندىن كېيىن بارلىق ئائىلىلەرنىڭ تاماق يېيىش ئۆيى چوقۇم ئاشخانا ئۆي بىلەن ياتاق ئۆيى ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى شەرت دېگەندەك غەلىتە تۈزۈملەرنى چىقىرىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، بۇ ئاجايىپ كىشىلەر ئارىسىدا يەنىلا فرانز لىپقا ئوخشاش ئالاھىدە كىشىلەرمۇ بار ئىدى.
لىپ، تاشقى ئىشلار كومىسسارى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىدى (بۇ ئادەم يەنە كېلىپ روھى كېسەللىكلەر بالنىسىدا بىر مەزگىل داۋالىنىپ چىققان ئىكەن). ئۇنى بۇ ئورۇنغا تەيىنلىشىگە سەۋەپ قىلىپ كۆرسەتكەن باھانىمۇ بەكلا غەلىتە ئىدى: بۇ ئادەم چاچ-ساقىلىنى رەتلىك ياساپ، دائىم كۈلرەڭ پەلتۇ كىيىپ يۈرىدىغان نەق بىر دېپلومات كۆرۈنۈشىدە بىرسى بولغاچقا بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنمىش. لىپ دەرھال موسكۋاغا بىر پارچە ھاياجانلىق تېلېگرامما يوللاپ، ئېيسنېرنىڭ ئىزباسارى مىنىستىرلىكتىكى بىر تەرەتخانىنىڭ ئاچقۇچىنى ئوغۇرلىۋالدى دەپ شىكايەت قىلغان؛ شۇنىڭدەك يەنە ۋۈرتتېمبېرگ ۋە شىۋىتسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرىدۇ: “بۇ توڭگۇز كۈچۈكلىرى بىزگە 60 دانە پاراۋۇز قەرز بېرىپ تۇرۇشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا مەجبۇرمىز.” ھەقىقەتەنمۇ كۈلكىلىك بىر ھۆكۈمەت ئىدى.
13-ئاپرېل كۈنى، يەنى پاسخا بايرىمى ھارپىسى بولغان يەكشەنبە كۈنى، سابىق باش ۋەزىر مىنىستىرى، يەنى ھېلىقى سوتسىيالىست ئوقۇتقۇچى خوفمان، ميۇنخېننى قۇراللىق تارتىپ ئېلىشقا ئۇرۇنغان ۋاقتىدىلا ئىنقىلابمۇ ئاخىرلىشىدۇ. گەرچە ئۇ، جەڭدە ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ھىتلېرغا ئوخشاش پىشقەدەم ھەربىلەردەك بىر قوشۇن ھېسابلانسىمۇ، بۇ قوشۇن ھەرىكەت باشلاش پۇرسىتىگە زادىلا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىر سەۋەبى، ئىككىنچى پولكنىڭ قىزىللىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خوفمان ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ: “بىزنى بىتەرەپلىكنى ساقلاشقا ئۈندىگەن كىشىلەر توغرا ئېيتىدۇ! چۇنكى بىز ئۇنداق ئوتتۇردا لەيلەپ يۈرىدىغان يەھۇدىيلار ئۈچۈن پوستا تۇرىدىغان ئىنقىلابىي قوغدىغۇچىلار ئەمەسمىز!” دەپ توۋلاپ بەرگەن ئىدى. گەرچە ھىتلېر قاتارىدىكى كىشىلەر ميۇنخېن شەھەر قوغداش قىسىملىرىدا بىتەرەپ تۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئاخشىمى گۈگۈم ۋاقتىدا، “خوفمان قوزغىلىڭى” بەرىبىر تارمار قىلىنىپ، ھوقۇق قىزىللارنىڭ قولىغا، يەنى ئېۋگېن لېۋىننىڭ رەھبەرلىكىدىكى قىزىللارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ كىشىنىڭ تېگى-تەكتى پېتىربورگلۇق بولۇپ، ئاتىسى بىر يەھۇدىي سودىگىرى ئىدى. ئۇلار كومپارتىيە تەرىپىدىن ئىنقىلاب تەشكىللەش ئۈچۈن ميۇنخېنغا ئىۋەرتىلگەن ئىدى. ئۇلار شائىر توللېرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ھاكىمىيەتنى تېزلىكتە رەسمى سوۋېت ھاكىمىيىتى شەكلىگە ئۆزگەرتىدۇ. ئەمما ئۇلار “قىسمەنلىكتە ياكى ۋاقىتلىق بولسىمۇ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىدەكلا پۇرسەت بولىدىكەن قەتئىي قۇرال ئىشلەتمەسلىك” دېگەن پارتىيە قارارىغا خىلاپلىق قىلىپ، خوفماننىڭ ميۇنخېننى ئىككىنچى قېتىم تارتىپ ئېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ-سالدىراپ توپلىغان سەككىز مىڭ كىشىلىك قوشۇنىغا قارشى قويۇش ئۈچۈن باۋارىيە سوۋېت رېسپوپلىكىسى نامىدا بىر مۇنچە قۇراللىق كۈچلەرنى يولغا سالىدۇ. ئۇ كۈنلەردە خوفماننىڭ قۇراللىق كۈچلىرى شەھەردىن 10 چاقىرىم نېرىسىدىكى داچاۋغا كېلىپ يىغىلماقتا ئىدى.
قىزىل ئارمىيە باش قۇماندانى تېخى يېڭىلا كوممۇنىستلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان شائىر ئېرنىست توللېر دېگەن كىشى ئىدى. بۇ كىشى تۈرمىدىن چىقار-چىقماي، بىرسىدىن قەرزگە ئالغان ئاتقا مىنىپ خۇددى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى كاۋاللېرلارغا ئوخشاش “ئىنقىلاب ئۈچۈن قەتئىي كۈرەش قىلىش” دېگەن غەيرەت بىلەن جەڭ مەيدانىغا چېپىپ كېتىدۇ. 18-ئاپرېل كۈنى، بۇ قىزىل ئارمىيە رىتسارى قىسىملارغا قوماندانلىق قىلىپ خوفمانغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ئەمما ئۇ، بىر ئىنسانپەرۋەر، شۇنىڭدەك يەنە لىبىرالىست بىرى بولغىنى ئۈچۈن، ميۇنخېننى قەتئى ئېلىش دېگەن بۇيرۇققا ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇ ئاۋال سۆھبەت يولى بىلەن توقۇنۇشتىن ساقلىنىش مەقسىتىدە داچاۋنى توپقا تۇتۇشنى رەت قىلىدۇ؛ يەنە بىر سەۋەپ، ئۇرۇش يېڭى باشلانغىنىدا ئەسكەرلىرىنى باشلاپ جەڭگە ئاتلىنىپ ئاساسەن قان تۆكمەي دېگىدەك غەلىبە قازانغان؛ خوفماننىڭ قۇراللىق كۈچلىرى پاراكەندە بولۇپ كەينىگە چېكىنگەن ئىدى. بۇ غەلىبىدىن كېيىن سوۋېت رەھبەرلىكى ئۇلار ئەسىر ئالغان ئوفىتسېرلارنى ئېتىپ تاشلاشنى بۇيرۇق قىلىدۇ. تەبىئىكى، شائىر قوماندان بۇ ئەسكەرلەرنى قويۇپ بېرىدۇ. ئاقىۋەت، ئۇ ئۆزىمۇ قايتا تۈرمىگە تاشلىنىدۇ.
خوفمان، داچاۋ جېڭىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئامالسىز دۆلەت مۇداپىيە ۋەزىرى نوسكنىڭ “ئەركىن پولك” لىرى ياردىمىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇلار ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ميۇنخېننى ئىشغال قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ، بۇ پىلاننى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 27-ئاپرېل كۈنى، ميۇنخېن پۈتۈنلەي قورشاۋغا ئېلىنىدۇ.81 قورشاۋدا قالغان قىزىل ئارمىيە قانلىق قىساس ئېلىش ئۈچۈن سوۋېت رېسبوپلىكىسىنىڭ ميۇنخېندىكى دۈشمەنلىرى دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ كېلىدۇ. ماتروسلار يەھۇدىي دۈشمىنى بولغان “تۇلې جەمئىيىتى” نىڭ چىرايلىق بىر كاتىپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتى ئەزاسىنى تۇتۇپ كەلگەن ئىدى. گۆرۆدە تۇتۇلغان بۇ يۈزدەك ئادەم لۇئىتپولد ئوتتۇرا مەكتىۋىگە قاماپ قويۇلىدۇ.
29-ئاپرېل كۈنى، ميۇنخېن قورشاۋى بارغانسىرى تارىيىپ قىستاپ كېلىدۇ. شەھەر ئىچىدىكى ئىنقىلابچىلار ھۇلۇققىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي پاراكەندىچىلىك ئىچىگە چۈشۈپ قالىدۇ. بەزىلەر، ئاقلار مۇھىم پويىز ئىستانسسىلىرىنى ئىشغال قىلىپ بوپتۇ دەپ يالغان خەۋەر تارقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزىل ئارمىيە قوماندانلىق شىتاۋىدىكىلەردىن توللېر (ئۇ قاماقتىن چىقىپ ئەڭ ئاخىرقى تىركىشىشكە ئاتلانغان ئىدى) ۋە قىزىل ئارمىيە كوماندىرلىرىدىن باشقا كىشىلەر بىرمۇ قالماي تارقىلىپ كېتىدۇ. قىزىل ئارمىيە كوماندىرى ئاقلار قوشۇنىدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق قىساس ئېلىشنى قارار قىلىدۇ. شۇندىن سەل ئاۋال “ئەركىن پولك” بىر تاش كولاش مەيدانىدا 52 نەپەر روسىيە ئەسىرى بىلەن قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ بولمىغان ئون نەچچە ئىشچىنى قوشۇپ ئېتىپ تاشلىغانلىقى سەۋەبىدىن، مەكتەپتىكى گۆرۆگە ئېلىنغان ئادەملەرنى بىرنىمۇ قويماي ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلىدۇ. توللېر بۇنىڭدىن قورقۇپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي دەرھال بېرىپ ئۇلارنىڭ قىرغىنچىلىقىنى توساشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئۇ يەرگە بارغىنىدا كامىدا 20 ئادەم ئۆلتۈرۈلۈپ بولغانلىقىنى كۆرىدۇ.
بىر نەپەر ئوقۇغۇچى، قىزىل ئارمىيە قالدۇق كۈچلىرى تىزگىنىدىكى يەردىن قېچىپ چىقىپ بۇ قىرغىنچىلىقتا كۆرگەنلىرىنى “ئەركىن پولك” كوماندىرىغا دوكلاد قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئاخشىمى قاراڭغۇدا شەھەرگە كىرىشنى بۇيرۇق قىلىدۇ. 1-ماي كۈنى، قوياش چاقناپ تۇرغان ئىللىق بىر كۈن بولىدۇ. “ئەركىن پولك” بىر قانچە يولدىن شەھەرگە قاراپ ئېقىن قىلىدۇ. خاۋپتىباھىنخوف بىلەن شۋابىڭ رايونلىرىدا بەزى تىركىشىشلەر كۆرۈلگىنىدىن باشقا، قىسىملار قىينالمايلا تارقاق ئىقىلابىي كۈچلەرنى بېسىقتۇرىدۇ. “ئەركىن پولك” قىسىملىرى ھەممە يەردە قوتقۇزۇلغان شەھەر خەلقى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. مارىيېن مەيدانىدا يەنە ئاممىۋىي يىغىنمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ. قىزىل بايراق چۈشۈرۈلۈپ ئورنىغا باۋارىيە دۆلىتىنىڭ كۆك-ئاق رەڭلىك بايرىقى چىقىرىلىدۇ.
لېنىن، موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا داغدۇغىلىق «بىرىنچى ماي» بايرىمى ئاممىۋى يىغىندا كوممۇنىزمنىڭ غەلىبىسىنى ئېلان قىلىۋاتقان پەيتلەردە (يەنى “سوۋېت رۇسىيىسىدىلا ئەمەس، بەلكى سوۋېت ۋېنگرىيىسى بىلەن سوۋېت باۋارىيىسىدىمۇ ئازاتلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىشچىلار سىنىپى ئەركىن، ئاشكارە ھالدا ئازاتلىق كۈنىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە” دەپ نۇتۇق سۆزلەۋاتقان پەيتلەردە)، “ئەركىن پولك” ميۇنخېندا قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ ئۇۋىسىنى چۇۋۇپ، قىزىللار رەھبەرلىرىنى قولغا ئالماقتا ئىدى. ميۇنخېننىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرى “ئەركىن پولك” نىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولىدۇ. كەينىدىنلا ئۇلار لۇدۋىگ كوچىسىدا داغدام قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ فېلدخېرمھال زالىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدا ھەيۋەت بىلەن پارات قەدەملىرى بىلەن ماڭىدۇ. ئېخرىھالدېرىت برىگادىسىنىڭ ئەسكەرلىرى باشلىرىغا كىرىس بەلگىلىك مىس قالپاقلارنى كىيىشىپ، “بېشىمىزدا كرىست مىس قالپاق، بىلىكىمىزدە قارا-ئاق-قىزىل يەڭلىك …” دېگەن مارش سادالىرى بىلەن پاراتتىن ئۆتىدۇ.
3-ماي كۈنى، ئەركىن پولىك ميۇنخېننى پۈتۈنلەي تارتىپ ئالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن “ئەركىن پولك” 68 نەپەر ئەسكەر قۇربان بېرىدۇ. تەبىئىكى، بۇنىڭ قىساسى چوقۇم ئېلىنىشى كېرەك ئىدى. سانت جوزېف جەمئىيىتىنىڭ كاتولىك مورتى بولغان 30 نەپەر ئىشچى بىر قاۋاقخانىدا تىياتىر ئۇيۇنىنى مۇھاكىمە قىلىشىۋاتقىنىدا قولغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئىشچىلار ۋىتتېلسباخ ئوردىسىنىڭ گەمىسىگە يالاپ كىرگۈزىلىدۇ. ئۇلاردىن 21 نەپىرى خەتەرلىك قىزىل پاچاق ئۇنسۇر دەپ ئېتىپ تاشلىنىدۇ ياكى شىتىكلىنىپ ئۆلتۈرىلىدۇ. يۈزدەك ئادەم ئەنە شۇنىداق ئۆلتۈرىلىدۇ، يەنە مىڭدەك ئادەم “ئەركىن پولك” قا مەنسۈپ ھەرقايسى قىسىملارغا يالاپ ئاپىرىلىپ سازايى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر مۇنچە رەھىمسىز ئۇقتۇرۇشلارنى چىقىرىپ باستۇرۇشنى داۋام قىلىدۇ. بەزى ئۇقتۇرۇشلارنى ئىجرا قىلىش پەقەتلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەسىلەن بىر ئۇقتۇرۇشتا قوراللار دەرھال تاپشۇرۇلسۇن، بوي سۇنمىغانلار دەرھال ئېتىپ تاشلانسۇن دېيىلگەن. قانۇن-تەرتىپ نامى ئاستىدا شەھەر خەلقى ئۆيلىرىدىن ھايداپ چىقىرىلاتتى ياكى نومۇسىغا تېگىلەتتى ۋەياكى ئۇرۇپ دەسسىلەتتى. ھەتتا ئۆلتۈرۈلەتتى.82 “ئەركىن پولك” ميۇنخېننى سوۋېت رېسپوپلىكىسى تۆمۈر تاپىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ. گەرچە رېسپوپلىكا ھۆكۈمىتى راستىنلا بەكلا چېكىدىن ئاشۇرىۋەتكەن بولسىمۇ، بۇنداق ئازاتلىقنى ئۇلارنىڭ قىلغىنىغا سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمىگە ئەرزىمەس جىنايەتلەر دېيىشكە بولاتتى.
“ئاقلار ئەسكەرلىرىنىڭ زوراۋانلىقىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن قېلىن بىر كىتاب يېزىپ چىقسىمۇ ئاز. — دەيدۇ فرانسىيىنىڭ ميۇنخېن كونسۇلىدا تۇرۇشلۇق ھەربى مەسلىھەتچىسى دوكلاتىدا، — … خالىغانچە زومىلىق قىلىش بىلەنلا قالماستىن يەنە تەشكىللىك زوراۋانلىقلارمۇ كۆرۈلۈپ تۇراتتى. … ۋەھشىلەرچە قىرغىنچىلىق قىلىشلار، تەسۋىرلىگۈسىز ئېغىر لۈكچەكلىكلەر ھەممە يەرنى قاپلىغان ئىدى. …” ئەمما ئەنگىلىيىلىك ئەلچىخانا ئەمەلدارلىرى بۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى يا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن ياكى بولمىسا كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋالغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى زوراۋانلىقلارنى سۈكۈت بىلەن تەستىقلىغاندەك پوزىتسىيەدە بولىدۇ. “بۈگۈنگىچە ئىگەللىگەن ماتېرىياللىرىمىزدىن قارىغاندا، ميۇنخېن سوۋېتى دېگەن بۇ قىسقا مۇددەتلىك تىياتىر، — دەيدۇ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سىياسىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا، — پۈتكۈل گېرمانىيىدە قانۇن-تۈزۈمنىڭ كۈچەيتىلىشىگىلا سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسپارتاكچىلىق بىلەن بولشېۋىكچىلىكنىڭ خەلق ئاممىسى ئىچىدىكى تەسىرىنى سىرىپ سۈپۈرۈپ تاشلىدى.” جەمئى مىڭدىن ئارتۇق “ئاتالمىش قىزىل پاچاق”، “ئەركىن پولك” تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ميۇنخېندا بۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنچە كۆپ جەسەتنىڭ يىغىلىپ قېلىشى خەلق ئاممىسىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ ئېغىر تەھدىت ئىدى. شۇڭا، تونۇلمىغىدەك بولۇپ كەتكەن، ئىگە-چاقىسىز جەسەتلەر خەندەك كۆلىنىپ ئوپچە كۆمىۋېتىلىدۇ.

9
غايىلىك ۋاندېرۋۆگېل ياشلىرى، بىر زامانلاردا غايىلىرىنى ئاكوپلارغا بىللە ئېلىپ بارغان بولسا، “ئەركىن پولك” نىڭ جەڭچىسى بولغان بۇ ياشلار مانا ئەندى بۇ غايىلىرىنى گېرمانىيە كوچىلىرىغا ئېلىپ چىققان ئىدى. “بۇ يېڭى ئەۋلاتلار ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنىڭ جەڭچىلىرى بولۇپ، ئورتا ياۋروپانىڭ جەۋھىرى. — دەيدۇ بۇ ياشلار تەرىپىدىن باش تاجى قىلىنغان شائىر ئېرنست جيۇڭگېر، — بۇلار يەپ-يېڭى بىر ئىرق، كۈچلۈك، ئەقىللىق، شۇنىڭدەك غايىلىك جەڭچىلەر. … ئۇلار گېرمانىيىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان جەڭچى. … ئىسسىق قېنىمىز بىلەن يېڭى تىپ يارىتىشىمىز، پولات مۇشتۇمىمىزغا تايىنىپ ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىشىمىز شەرت.”
جيۇڭگېرنىڭ بۇ سۆزلىرى، ھەقىقەتەنمۇ ئادولف ھىتلېرنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەر ئىدى. ميۇنخېن قىزىللار ھۆكۈمىتى ھىتلېرنىڭ يۈرىكىنى بېسىپ ياتقان نەپىرىتىنى ئويغۇتىۋېتىدۇ. ميۇنخېن ئازات قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھىتلېرنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان، شۇنىڭدەك دۇنيا تارىخىنىڭ ئېقىمىنى بۇرىۋېتىدىغان بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ. 1919-يىلى 28-ئىيۇن كۈنى ئۇرۇشتا يېڭىپ چىققان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋېرسال شەرتنامىسىنى ئىمزالايدۇ. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى قىلچە كەينىگە سوزماي بۇ شەرتنامىنىڭ پۈتۈن ماددىلىرىنى دەرھال تەستىقلايدۇ. بۇ شەرتنامە ھەقىقەتەنمۇ بەكلا رەھىمسىز تەلەپلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان بىر شەرتنامە ئىدى. بۇ شەرتنامە بويىچە گېرمانىيە ئۇرۇشنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى يالغۇز ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان، بارلىق ئۇرۇش چىقىملىرىنى ئۆزى يالغۇز تۆلەشكە مەجبۇرلانغان ئىدى. چوڭ-چوڭ ئىمپىرىيە تۇپراقلىرى تارتىپ ئېلىنغان ئىدى. ئالايلۇق، ئالساس-لوررائىن رايونى فرانسىيەنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن؛ مالمېدىي رايونى بىلىگىيەگە كېسىپ بېرىلگەن؛ پوسېننىڭ كۆپ قىسمى بىلەن غەربى پروسىيە پولشاغا كېسىپ بېرىلگەن ئىدى. گېرمانىيە قولىدىكى مۇستەملىكىلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان ئىدى. دانزىگ ئۆز ئالدىغا ئەركىن شىتات ھالىغا كەلتۈرۈلگەن؛ سائار، شلېسۋىگ بىلەن شەرقى پروسىيە خەلقىگە ئومۇمخەلق ئاۋاز بىلەن ئۆز تەغدىرىنى ئەركىن تاللاش ھۇقۇقى بېرىلگەن ئىدى. تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكىنى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر رېيىن دەرياسىنى كامىدا 15 يىل ئىشغال قىلىپ تۇرىدىغان، بۇ دەريانىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى 30 مىل كەڭلىكتىكى يەرلەر ئەسكەرسىز يەر قىلىپ ئايرىلىدىغان بولىدۇ. بۇ شەرتنامىدا يەنە گېرمانىيە سۇئاستى پاراخوتى بىلەن ھەربى ئايروپلانغا ئىگە بولالمايدىغانلىقى، ئارمىيىدىكى ئەسكەر سانىمۇ يۈز مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن چەكلىندىغانلىقى بەلگىلەنگەن. شۇنداق قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ غۇرۇرى ھەددىدىن زىيادە دەپسەندە قىلىنغان ئىدى.
بۇ يېڭى قۇراللىق كۈچ، يەنى يۈز مىڭ كىشىلىك بۇ يېڭى گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسى ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغان بەكلا كۆپ ئىشلارغا ئارلىشىش ھوقۇقىنى دەرھال ئىشقا سالىدۇ. يەنى بۇ ئارمىيىنى بولشېۋىكلارنىڭ تەسىرىدىن ساقلاش مەقسىتىدە قىسىملار ئىچىدە ئاغدۇرمىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان سىياسىي پائالىيەتلەرنى تەكشۈرۈش ئورگىنىدىن بىرى قۇرۇلىدۇ. بۇ ئورگان تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ئىشچىلار تەشكىلاتلىرىغا ئىشپىيون كىرگۈزۈش ۋەزىپىلىرىنىمۇ بەلگىلىشىدۇ.83 بۇ ئورگانغا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلەنگەن كاپىتان كارل مايرنىڭ تاللىغان ئادەملىرى ئارىسىدا ئادولف ھىتلېرمۇ بار ئىدى. ھىتلېر بۇ تۈردىكى ئىشلارغا راستىنلا مۇۋاپىق بىر نامزات ئىدى. ئەمما ماير ئۇنى ئۇرۇش مەزگىلىدە كۆرسەتكەن “ئۈلگىلىك ئىش-ئىزلىرى” ئاساسىدا بۇ ئىشقا تاللىغان ۋە ياكى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ بۇ ئىشقا تاللىغان بولىشىمۇ مۇمكىن. “مەن ھىتلېرنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىمدە، ئۇ گويا ئىگىسىنى تاپالماي ھالىدىن كەتكەن بىر كۈچۈككىلا ئوخشايتتى. — دەيدۇ ماير. ئۇ، ھىتلېر ھەققىدىكى تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: — ھىتلېر ئەگەر ئاز-تۇلا يېقىن مۇئامىلە قىلىدىغانلا بىرسىنى ئۇچراتسا ئىككىلەنمەيلا ئۆز تەغدىرىنى بۇ ئادەمگە تاپشۇرۇشقا تەييار بىرسىگىلا ئوخشايتتى. … بۇ ئادەم نېمىس خەلقى بىلەن گېرمانىيە تەغدىرىگە قىزىقىدىغان بىرسىگە ئوخشىمايتتى.”
ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىدى: ئىنقىلاب نامىدا ئوتتۇرلۇقتا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ يۇقۇملۇق كېسەل ھىتلېرنى قاتتىق ئويغا سېلىپ ئېغىر غەم ئىچىدە قالدۇرغان ئىدى. يەنى پانالىق تىلەپ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان بۇ دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە ھېچ قاچان بۈگۈنكىدەك كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىغان دېيىشكە بولاتتى. بۇنىڭدىن سەل ئاۋال، ھىتلېرنىڭ قولىغا ئىرقچىلىق تەشۋىق قىلىنغان بىر بروشۇر چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ كىتابچىنى بىر ئېھتىمالدا ئېكارت يېزىپ چىققان دېيىش مۇمكىن. بۇ كىتابنى كۆرگەن ھىتلېر، بۇنداق بىر كىتابنى ۋيېننادىمۇ كۆرگەنلىكىنى ئەسلەيدۇ. “شۇندىن باشلاپ، بىلىپ-بىلمەي ئىلگىرلەش يولۇمنى قايتا تېپىۋالغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم.” ئۇنىڭ ميۇنخېن كوچىلىرىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى قەلبىنىڭ چوڭقۇر بىر يەرلىرىدە بېسىلىپ ياتقان يەھۇدىيلارغا بولغان ئۆچمەنلىك تۇيغۇلىرىنى قايتىدىن قوزغىۋېتىدۇ. يەنى يەھۇدىيلار ھەممىلا يەردە ھوقوقنى قولغا كىرگۈزىۋېلىشقان ئىدى: بۇلارنىڭ بېشىدا ئېيسنېر دېگىنى بار بولۇپ، ئۇنىڭ كەينىدىن توللېرغا ئوخشاش ئانارخىست، ئۇنىڭمۇ كەينىدە لېۋىنغا ئوخشاش روسىيەلىك بىر قىزىل پاچاق تۇراتتى. بېرلىندا بولسا روزا لۇكسېمبۇرگ؛ بۇداپىشتتە بېلا كۇن؛ موسكۋادا بولسا تروتسكى، ژىنوۋىيېۋ ۋە كامىنىيېۋ قاتارلىقلار ئەنە شۇنداق ھوقۇق بېشىدىكىلەردىن ئىدى. ھىتلېر بۇرۇن بۇنداق گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىسا قارا چاپلىغانلىق، ئۇيدۇرما دەپ قارايتتى. مانا ئەندى، بۇلارنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلايدۇ.
بۇ ئىش ئۈچۈن تاللانغان ھىتلېر ۋە باشقا سىياسىي جاسۇسلار ۋەزىپە تاپشۇرۇلۇشتىن ئاۋال، ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئىۋەرتىلىپ ئۇ يەردە مەخسۇس تەربىيىلىنىدۇ. سىياسىي يېتەكچىلەر ئارىسىدا پروفېسسور كارل ئالېكساندېر ۋون مۈللېر بىلەن بىر قاتاردا مىڭىسىنى رادىكال ئوڭچىللىق تەلىماتلىرى بىلەن توشقۇزىۋالغان كونسېرىۋاتىپلارمۇ بار ئىدى. ھىتلېر بۇ ھەقتە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: “مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ كورۇسقا تاللىنىشىمنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى، بۇ يەردە كۆزقارىشى مېنىڭكى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان يولداشلار بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەنلىكىم ئىدى. ئەندى مەن ئۇلار بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە تەپسىلى پاراڭلىشىپ ماھاكىمە قىلالىشىم مۇمكىن ئىدى. بىز ھەممىمىز مەيلى ھەر تۈرلۈك مەركەزى پارتىيىلەر، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ياكى نويابىر جىنايىتىنى سادىر قىلغان ھەر قانداق بىر پارتىيە-گۇرۇھنىڭ گېرمانىيىنى كەلگۈسىدىكى يىمىرىلىشتىن قۇتقۇزۇپ چىقالمايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتۇق. ئۆزىنى ’بۇرجۇئازىيە مىللەتچى تەشكىلات‘ دەپ ئاتىۋالغان تەشكىلاتنىمۇ ھەر قانچە ياخشى نىيەتلىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەردە بىرەر تەدبىر ئوتتۇرغا قويالالىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايتتۇق.”
ھىتلېر، ئۇرۇش دەۋرىلىرىدە ۋېستېنكىرچنېرغا: تىنچلىق دەۋرى كەلگىنىدە يا رەسسام بولىمەن، يا بولمىسا سىياسىي  ھەرىكەتكە قاتنىشىمەن دەپ ئېيتقان ئىدى. ئۇنىڭ يولداشلىرى قايسى سىياسىي پارتىيىگە قاتنىشىشنى ئويلاۋاتىسەن دەپ سورىغىنىدا، “ھېچ بىرىگە” دەپ جاۋاپ بەرگەن. كۇرۇستىكى ھىتلېرغا ئوخشاش كۆزقاراشتىكى يولداشلىرى پەقەت يەپ-يېڭى بىر ھەركەتلا بىزنىڭ ئارزۇيىمىزنى قاندۇرالىشى مۇمكىن دەپ ئويلايتتى. ئۇلار بۇنداق بىر ھەرىكەت تەشكىلاتىغا “سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىي پارتىيە” دەپ نام بېرىشنى پۈتۈشكەن بولۇپ، “بۇنداق يېڭىچە تەشكىلاتنىڭ ئىجتىمائىي قارىشى چوقۇم بىرەر ئىنقىلاب قوزغىتالىغىدەك كۈچلۈك بولىشى كېرەك” دەپ قارايتتى.
پروفېسسور ۋون مۈللېرنىڭ كۈيئوغۇلى — سىڭلىسىنىڭ ئېرى لېكتور گوتفرىيېد فەدېرمۇ ئەنە شۇنداق بىر ھەرىكەت باشلاشقا كۈچەپ ئىلھام بەرمەكتە ئىدى. لېكتور فەدېر، “ئۆسۈم قۇلچىلىقىنى يىمىرىپ تاشلاش” نى مەقسەت قىلىدىغان “جەڭگىۋارلار بىرلەشمىسى” تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلى كەسىپى قۇرۇلۇش ئېنجىنېرى بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر ئىقتىسادشۇناس ئىدى. لېكتور فەدېر، بۇ كۇرۇستىكى كۇرسانتلارغا ئاكسىيە بېرىژىسى ۋە قەرز كاپىتالىنىڭ ھايانكەشلىك خاراكتېرى بىلەن ئۇنىڭ ئىقتىسادىي خاراكتېرى ھەققىدە لىكسىيە بېرىدۇ. ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ مەسىلە ھەقىقەتەنمۇ ئۇنى قىزىقتۇرىدىغان بىر تېما ئىدى. “مەن فەدېرنىڭ بىرىنچى قېتىملىق لىكسىيىسىنى ئاڭلاپلا ئەندى مەن يېڭى بىر پارتىيە قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان يەپ-يېڭى ئۇسۇلنى بىلىۋالدىم دەپ ئويلىدىم.”84 ھىتلېر، فەدېرنىڭ ئۈسۈم قۇلچىلىقىغا خاتىمە بېرىش قارىشىدىن ئىلھاملىنىپ ماركسىزمنى قايتىدىن تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ ۋە “كارل ماركس دېگەن بۇ يەھۇدىينىڭ بىر ئۆمۈر تىرىشىپ يېزىپ چىققان ئەسىرىنى تۇنجى قېتىم ھەقىقى تۈردە چۈشەنمەكتە ئىدىم” دەيدۇ. ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ ماركسنىڭ «كاپىتال» دېگەن ئەسىرىنى ئاخىرى چۈشىنەلىدىم دەپ ھېس قىلغان.
بىر قېتىملىق دەرستىن كېيىن، پروفېسسور ۋون مىللېر بىر توپ كۇرسانتلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىۋېلىپ قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا مۇنازىرە قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ. “ئۇلار بۇ ئىشقا بەكلا قىزىقىپ قالغاندەك كۆرۈنگەن ئىدى. ئەسلىدە، بۇ يىغىلغانلار ئارىسىدا بىرسى ئوتتۇرىغا چىقىۋېلىپ ئىنتايىن بوش ئاۋازدا ھاياجانلىنىپ گەپ ساتماقتا بولۇپ، سۆزلىگەنسىرى كۈچەپ كېتىۋاتقان ئىكەن. مەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئاجايىپ بىر تۇيغۇغا كەلگەن ئىدىم. بۇ بىر توپ كۇرسانتلارنى ئەنە شۇ ئادەم سۆزلەپ بۇنچە ھاياجانغا سېلىۋەتكەن ئىدى. ئوتتۇرىدا سۆزلەۋاتقان بۇ كىشى تاتىراڭغۇ چىراي بىرسى ئىدى. ئۇنىڭ چاچلىرى پاخپىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئەسكەرگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى. ئەمما بۇرۇتىنى بەكلا رەتلىك ياساتقان بولۇپ، يوغان كۆك كۆزلىرى تەلۋىلەرچە چاقناپ تۇراتتى” دەيدۇ پروفېسسور.
“ئوقۇغۇچىلىرىڭ ئارىسىدا تۇغما ناتىق بىرسىنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟” دەپ سورايدۇ پروفېسسور مىللېر بايىقى تاتىراڭغۇ چىراي ئەسكەرنى كاپىتان مايرغا كۆرسىتىپ. كاپىتان مايرمۇ قىزىقىپ “ھاي ھىتلېر، بۇياققا كەل!” دەپ ئۇنى يېنىغا چاقىرىدۇ. ھىتلېر “ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغاندەك بىر قىياپەتتە قىسىنغان ھالدا كېلەڭسىز قەدەملەر بىلەن ماڭغىنىچە” ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. … شۇندىن كېيىن، ھىتلېردا راستىنلا ناتىقلىق قابىلىيەت بارلىقىنى ھېس قىلغان كاپىتان، كېيىن ئۇنى ميۇنخېندا تۇرىۋاتقان بىر پولكقا سىياسىي تەربىيىچىلىككە تەقسىم قىلىدۇ. “مەن بۇ ئىشقا قاتتىق قىزغىنلىق بىلەن چىن قەلبىمدىن بېرىلىپ كىرىشتىم. چۇنكى مەن، تۇيۇقسىزلا نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. شۇ چاققىچە خىيال قىلىپ زادىلا ئىشقا ئاشۇرالماي كېلىۋاتقان ئىشىمنى ئەنە شۇنداق باشلىۋالغان ئىدىم. يەنى مەن ھەقىقەتەنمۇ سۆزلەش قابىلىيىتىگە ئىگە بىرسى ئىكەنلىكىمنى شۇ چاغدىلا رەسمى تونىغان ئىدىم.” شۇندىن كېيىنكى ھەر قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەش جەريانىدا بۇ ئىشتا ھىتلېرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى كۈنسايىن ئېشىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى ياخشىلىنىپ ئاخىرى زالدىكى بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغىچە ئېنىق ئاڭلانغىدەك جاراڭلىق سۆزلىيەلەيدىغان ھالغا كېلىدۇ.
دەسلىۋىدە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن بولۇپ ئۆتكەن كىشىلەر ھىتلېرنى ئارىمىزغا كىرگۈزۈلگەن بىر جاسۇس بولسا كېرەك دەپ گۇمانلىنىپ يۈرگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ دەسلەپكى كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى ئۇنچە بەك ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. مەسىلەن، بىر قېتىم تيېل دېگەن بىر پاكىنەك ئەسكەر ئىلغار كىشىلەرنى ئاشكارە كەمسىتىپ يۈرگىنىدە، ھىتلېر بۇ ئەسكەرنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ ئۇنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ كەينىدىن كوچىغىچە قوغلاپ چىقىپ گېرمانىيە دۆلىتىنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسىنى چۈشەندۈرۈپ كېتىدۇ. ھېلىقى ئەسكەر ئۇنىڭ گېپىنى بېلىدىن تېپىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ: “ئېيتقىنا، سەن ئۇلار كاللاڭغا تۆككەن يۇندىسىنى سۇ تۆكۈپ يۇيىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىمامسەن؟” نەق مەيداندا بولغان بىرسىنىڭ دېيىشىچە، “بۇ گەپنى ئاڭلىغان گېپى تۇلا بۇ ناتىق ھاڭ-تاڭ بولۇپ ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرۇپلا قالغان. ئۇنىڭغا بىر ھازا تىكىلىپ تۇرغاندىن كېيىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي كەينىگە بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالغان.”
ھىتلېر ھەتتا بىر ياتاقتا تۇرىۋاتقان ئىككى نەپەر جاسۇس بىلەنمۇ ئەپ ئۆتەلمەيدۇ. ياتاقداشلىرى ھىتلېر دېگەن بۇ ئادەمنىڭ مىجەزى بەكلا غەلىتە دەپ كاپىتان مايرغا ئەرز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “بۇ ئادەم كېچىدە بەكلا كۆپ جۆيۈلۈپ چىقىدۇ، ھەتتا جۆيىلىپ تالاغا چىقىپمۇ كېتىدۇ. بىز ئۇنىڭدىن بەكلا زىرىكتۇق.” كاپىتان ئۇنىڭغا ئايرىم بىر ياتاق تېپىپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھىتلېر ئىككىنچى قەۋەتتىكى كىچىك بىر ئۆيگە كۆچۈپ چىقىۋالىدۇ. بۇ ئۆي ئەسلىدە بىر ئىسكىلات بولۇپ، پەنجىرىلىرىمۇ تاختايدا مىخلىۋېتىلگەن قاراڭغۇ ئۆي بولىشىغا قارىماي ھىتلېر “ئايرىم بىر ئۆيگە ئېرىشكىنىگە بەكلا خۇشال ئىدى.” كاپىتان ماير، ھىتلېرنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە بەزى ئۇششاق-چۈششەك ئەيىپلىرى بولغىنىغا قارىماي ئۇنىڭ نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتىدىن يەنىلا قايىل ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا ميۇنخېن سىرتىدا ئالاھىدە بىر ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. يەنى، لېچفېلد ئۇرۇش ئەسىرلەر لاگىرىدىن گېرمانىيىگە مەجبۇرى قايتۇرۇلغان ئەسىرلەرنىڭ “سپارتاكچىلار” دەك قاراشقا كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى “تەربىيىلەپ ھەقىقەتكە قايتۇرۇش” گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئۇلارنى سوتسىيالىزمغا قارشى ۋەتەنپەرۋەر قىلىپ ئۆزگەرتىش كېرەك ئىدى.
22-ئىيۇل كۈنى بۇ تەشۋىقات گۇرۇپپىسى ميۇنخېندىن يولغا چىقىدۇ. بەش كۈندىن كېيىن، ھىتلېرنىڭ ئۆزىمۇ ئۇ يەردە بىر قېتىملىق ئەمىلى سىياسىي تەربىيەگە ئېرىشىدۇ. قايتۇرۇلغان بۇ ئۇرۇش ئەسىرلىرى غەزەپ-نەپىرەتكە تولغان كىشىلەر بولۇپ، گەپلىرىمۇ قوپال ۋە زەھەرلىك ئىدى. ئۇلار ئالدىنىپ ياشلىق باھىرى ۋە ئىستىقبالىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدلىرىنى ئۈزگەن،85 ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى ئاكوپلاردا ھايۋاننىڭ كۈنىنى كۆرگەن، قايتۇرۇلغاندىن كېيىن يۇرتىدا قالايماقانچىلىق، ئاچارچىلىقنى كۆرگەنلىكىدىن دەرت تۆكەتتى. ھىتلېر ئۇلارغا سەۋىرچانلىق بىلەن “ۋېرسال شەرتنامىسى” نىڭ نومۇسىنى، “نويابىر جىنايەتچىلىرى” نىڭ جىنايىتىنى ھەمدە “يەھۇدىيچىلىق بىلەن ماركسىزم دۇنياۋى سۇيىقەستى” نى تىرىشىپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى  بۇ ئىشلارغا بۇرايدۇ. بىرمۇنچە تەقدىرلەش دوكلاتىدا ھىتلېرنىڭ بۇ تۈردىكى خىزمەتلەرگە بولغان قىزغىنلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ ماختىلىدۇ. “ئەگەر راست شۇنداق بولغىنىدا، ھىتلېر ئەپەندى ھەقىقەتەنمۇ تۇغما خەلق ناتىقى ھېساپلىنىشى كېرەك. — دەيدۇ مەسئۇل كۈزەتكۈچىلەردىن بىرسى ئۇنىڭغا باھا بېرىپ، — بۇ دېمەك، ھىتلېر ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق نۇتۇق كۈچى بىلەن جەلىپ قىلىش كۈچى ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى دېگەنلىرىگە ئىشەندۈرەلەيدىكەن دېگەن گەپ.”
ميۇنخېنغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ گازارمىدىكى ئەسكەرلەرگە ياردەملىشىپ لىكسىيە سۆزلەيدۇ. ئۇنىڭغا يەنە، يېقىندا ميۇنخېندا شەكىللەنگەن 50 ئەتراپىدا رادىكال قاراشتىكى تەشكىلاتلارنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىمۇ يۈكلەنگەن ئىدى. بۇ تۈر تەشكىلاتلار ئىرقچى ئۇنسۇرلاردىن، كوممۇنىزمچى ئۇنسۇرلاردىن، رادىكال مىللەتچىلەردىن، ئانارخىستلاردىن ۋە چېكىدىن ئاشقان ۋەتەنپەرۋەرلەردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. بۇ تەشكىلاتلار يەنە “ئىنقىلابى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇھى”، “كوممۇنىزمچى سوتسىيالىستلار جەمئىيىتى”، “ئوستارا ئىتتىپاقى” ۋە “يېڭى ۋەتەن” دېگەندەك بىر مۇنچە  گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى.
شۇ يىلى كۈز ئايلىرىنىڭ باشلىرىدا، ھىتلېرغا ئۆزلىرىنى “نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى” دەپ ئاتىۋالغان كىچىك بىر سىياسىي تەشكىلاتنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ كېلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلىدۇ. يىغىن مۇزاكىرىسىدە شۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان 24 كىشىدىن بىرىنىڭ دېيىشىچە، ھىتلېرمۇ مۇنازىرىدە سۆز ئالغان بولۇپ، “ھەقىقەتەنمۇ ياخشى سۆزلىگەن ئىدى” دېگەن بولسىمۇ، ھىتلېر ئۇ ئاخشىمىقى يىغىندىن بەك كۆپ نەرسە ئېسىدە قالمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتابىدىمۇ ئۇ يىغىن توغرىلىق قولغا چىققىدەك بىر نېمە دېيەلمىگەن. بۇ پارتىيىنى شۇ يىلى نەچچە ئاي بۇرۇن ميۇنخېن تۆمۈريول زاۋۇدىنىڭ بىر ئۇستىسى بولغان ئانتون درېكسلېر دېگەن كىشى قۇرۇپ چىققان ئىدى. بۇ ھەقتە ھىتلېرنىڭ خەۋىرى بار-يوقلىقىغا بىر نېمە دېيىش قىيىن. ئەمما بۇ پارتىيىنىڭ پروگراممىسى سوتسىيالىزم، مىللەتچىلىك ۋە يەھۇدىي دۈشمەنلىكى قاتارلىق كۆزقاراشلارنىڭ غەلىتە بىرلەشتۈرۈلۈشىدىن شەكىللەنگەن ئىدى. ئەمما بۇ پارتىيە ئۆزىنى سىھىرلىك بىر نىقاپ ئىچىگە پۈركىۋالغان بولۇپ، گويا بىرمۇنچە “ئىشچى سىياسىي گۇرۇپپىلار” دىن تەشكىل تاپقاندەك چىرايلىق نام قويىۋېلىشقان ئىدى. ئەسلىدە، بۇ تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقىش ئىشى رۇدولف فرېيخېر ۋون سېبوتتېندورفنىڭ پىلانى ئىدى. سېبوتتېندورفنىڭ ئۆزىمۇ ئاجايىپ سىھىرلىق بىر ئادەم بولۇپ، پاكار بويلۇق، دوغىلاق كەلگەن سېمىز بىرسى ئىدى. ئىككى كۆزى تومپۇيۇپلا چىقىپ قالغان ئىدى. “ئۇ بىر رەسسام بولۇپ، قۇرۇق نەزەرىيە سېتىپ يۈرشنى خالىمايدىغان، ئەپلاتونىزم ئورنىغا كەيپ-ساپانى بەكىرەك ياخشى كۆرىدىغان” بىرى ئىدى؛ “ئاز-تۇلا قۇرالغا خۇمار بىرسى بولسىمۇ، بۇ قىزىقىشىنى ئادەتتە يوشۇرۇپ يۈرەتتى.” ئۇمۇ خۇددى ھىتلېرغا ئوخشاش كەلگۈسىدە چوقۇم نېمىس دولقۇنى كۆتۈرۈلۈدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇڭا ئۇ، “نېمىس باۋارىيە شۆبىسىنى قۇرۇشتا ’تيۇتونىك تەرتىپ، يەنى نېمىس تەرتىبى‘ ئورنىتىش” ئۈچۈن خېلى كۆپ باش قاتۇرغان ئىدى. يەنى، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولىدىغانلار قەتئىي تۈردە نېمىس بولىشى، شۇنىڭدەك چوقۇم ئۈچ ئەۋلادىغىچە قېنى ساپ نېمىس قېنىدىن بولىشى، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ’ئىنتېرناتسىيونالىزم ۋە يەھۇدىي مىللىتىگە قارشى كۈرەش‘ كە ئاكتىپ قاتنىشىش ۋەدىسىنى بەرگەن بولىشى شەرت ئىدى. سېبوتتېندورف، مەملىكەت بويىچە يېيىلغان ئىنقىلاب دولقۇنىنىڭ مەجبۇرلىشى سەۋەبىدىن، ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى پەرقلەندۈرۈش مەقسىتىدە دەسلىۋىدە تەشكىلاتىغا ھېچ كاشال چىقارمايدىغان “تۇلې جەمئىيىتى” دەيدىغان بىر ئىسىم قويۇپ نىقاپلىغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن: ئىشچىلارنى ئۆزىنىڭ تەرغىپ قىلغان “خەلقچىلىق” (يەنى ’ۋولكىش‘ دېگەن بۇ سۆز بىر قارىماققا خەلقچىلىق دېگەن مەنىنى بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئاساسلىقى ئىرقچىلىق مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان مىللەتچىلىك بىلەن يېقىن مەنىدىكى بىر سۆز — ئا. ھ. ئىزاھاتى) ئىشلىرىغا جەلىپ قىلىشنى ئويلىغان. بۇ مەقسەتتە، نۇقۇل تەنتەربىيە خەۋەرلىرى يېزىقچىلىقى بىلانلا شوغۇللىنىدىغان بىر تۇلې ئەزاسىغا “ئىشچىلار سىياسىي كۇرژۇكى” قۇرۇپ چىقىش يوليورۇقىنى بېرىدۇ. بۇ كىشى ئانتون درېكسلېرنى تېپىپ كېلىدۇ. درېكسلېر دېگەن بۇ كىشى “مۇكەممەل تىنچلىق” ئۈچۈن ئىسمى بار جىسمى يوق “ئەركىن ئەمگەكچىلەر كومىتىتى” دېگەن ئىشچىلار كۇرژۇكىدىن بىرنى قۇرۇپ چىققان ئىدى.86 ئۇلار بۇ كىشى بىلەن بىرلىكتە “نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى” دېگەن يېڭى بىر سىياسىي تەشكىلات قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ پارتىيىنىڭ تەييارلىق يىغىنى شۇ يىلىنىڭ يانۋار باشلىرىدا كىچىك بىر رېستوران — فۈرستېنفېلدېرخوفدا چاقىرىلىدۇ. يىغىنغا 24~25 نەپەر كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى درېكسلېر بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان زاۋۇتتىن كەلگەن تۆمۈريول ئىشچىلىرى ئىدى. درېكسلېر يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا پارتىيىنىڭ ئىككى تۈرلۈك كۈرەش نىشانىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ: بۇ نىشاندىن بىرسى سىنىپلار ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشكە خاتىمە بېرىپ، ئىشچىلارنى ماركستچە خەلقئارالاشتۇرۇلۇشىدىن قۇتۇلدۇرۇش؛ يەنە بىرسى، يوقىرى تەبىقە سىنىپتىكىلەرگە بۇ پارتىيىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىغا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تونۇتۇش ئىدى. درېكسلېر يەنە “بىزنىڭ بىردىن بىر ئېھتىياجىمىز ’نېمىس مىللىي ھۈكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىش‘ بولىشى كېرەك” دەپ تەكىتلەيدۇ. ئۇ يەنە كۇرژۇكنىڭ ئىسمىنى “نېمىس مىللىي سوتسىيالىزم پارتىيىسى” (بىر يىل بۇرۇن بوھېمىيىدە قۇرۇلغان، غايىلىرىمۇ ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئوخشاش ئىسىملىك بىر پارتىيىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ پارتىيىنىڭ بەلگىسىمۇ كرىست ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈر) دەپ ئاتاشنى تەكلىپ قىلىدۇ. ئەمما بۇ تەكلىپكە بەزى كىشىلەر قارشى چىقىپ، پارتىيە ئىسمىدىكى “سوتسىيالىزم” دېگەن قىسمىنى كىشىلەر خاتا چۈشىنىۋېلىشى مۇمكىن دەپ تۇرىۋالغاچقا نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى دېگەن بۇ ئىسىمنى قوبۇل قىلىشقان ئىدى.
درېكسلېر، ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا پارتىيە نىزامنامە لايىھىسىنى تۈزۈشكە كىرىشىدۇ. ئۇ، تېخنىك ئىشچىلارنى پرولېتار دەپلا تونۇپ قارىماي يەنە ئوتتۇرا تەبىقە سىنىپىغا مەنسۈپ شەھەر ئاھالىسى دەپمۇ قاراش كېرەك دەيتتى. شۇڭا ئوتتۇرا تەبىقە سىنىپىدىكىلەرنى “چوڭ كاپىتالىستلارنى قۇربان قىلىش” ھېسابىغا ئۇلارنى كۆپەيتىپ كۈچلەندۈرىشى كېرەك دەپ قارايتتى. بۇ نىزامنامىدا يەھۇدىيلارغا قارشى چىقىشمۇ ئېھتىياتلىق بىلەن تىلغا ئېلىنغان ئىدى. يەنى “دۆلەت، نېمىسلارنىڭ ئەخلاقى پىرىنسىپ ئۆلچىمىگە زىت كېلىدىغان دىنى ئېتىقات تەربىيىسىنى قوللىماسلىقى كېرەك”، رىئاللىقتا بۇنداق بىر ئىشقا ھەرگىز سۈكۈت قىلالمايمىز دەپ قارايتتى. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن پارتىيە قۇرۇلۇش يىغىنى تۇلې جەمئىيىتىنىڭ باش شىتابىدا چاقىرىلىدۇ. روھسىز تەنتەربىيە سەھىپە يازغۇچىسى كارل خاررېر پارتىيە رەئىسلىكىگە، درېكسلېر مۇئاۋىنلىققا سايلىنىدۇ.

بۇ پارتىيىدە 6 كىشىلىك كومۇتىتتىن باشقا ھېچنېمىسىلا بولمىغاچقا، بۇ تەشكىلاتنى بىرەر پارتىيە دەپ ئاتاشنىڭ زادىلا ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. “قىزىللارنىڭ تەھدىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقاچقا يىغىنىمىز مەخپى چاقىرىلدى، — دەيدۇ درېكسلېر (ئۇ چاغدا درېكسلېر كەسكىن مىجەزلىك ئەمما ئابرويى يوق، ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەر ئىچىگە پېتىپ قالغان بىرسى ئىدى) ئۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ كېلىپ، — مۇھاكىمە قىلىش، ھۆججەت ئۆگۈنۈش قىلىشتىن باشقا قىلغىدەك تۈزۈك ئىشىمىزمۇ يوق ئىدى. مەن ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى «سىياسىي ئۇيغۇنۇشۇم» ناملىق بىر كىتابچە شەكلىگە كەلتۈرگەن ئىدىم. مەن بۇ كىتابچىنى قايسى بىر ئىشچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن تاللاپ كۆچۈرىۋالغان ئىدىم.” ئۇ، روھى ئۇرغۇپ تۇرغان، بۇ كىتابچىنىڭ روھىدىن ئىلھام ئالالايدىغان جاسارەتلىك ھەمدە “بىز ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىنى تېپىپ بېرىدىغان” بىرسىنىڭ تېپىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن ئىدى. “بىزگە قابىلىيەتلىك بىر ئادەم لازىم ئىدى. ئۇ ئادەم چوقۇم كۈچلۈك ئەقىدىلىك، قاراقچى مىجەز، ھېچكىمگە بوي سۇنۇشنى خالىمايدىغان رەھىمسىز، ھەرىكەت باشلىتىش جاسارىتى بولغان بىرسى بولىشى كېرەك” دەپ ئويلايتتى.
12-سىنتەبىر كۈنى، مايىر شىيېر، ھىتلېرنى ئەنە شۇ تايىنى يوق “ئىشچىلار پارتىيىسى” نىڭ يەنە بىر قېتىملىق يىغىنىغا بېرىپ قاتنىشىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرەر تەۋەككۈلچىنىڭ بار-يوقلىقىنى بىلىپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ. ئەسلىدە، ئۇ يىغىندىكىلەر ئارىسىدا ئۇنداق بىرسىنى ئاختۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنداق قاراقچى چىراي ئادەم دەل ئۆزى ئىۋەرتكەن ئادىمى ئادولفتىن باشقىسى بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇ كۈنى گۈگۈم ۋاقتىدا، ھىتلېر، ھېررېن كوچىسىدىكى كىچىك بىر قەھۋەخانا — ستېرنېكېربراۋ قەھۋىخانىسىغا ئېھتىيات بىلەن كىرىپ كېلىدۇ. قەھۋىخانىدا 40 قا يېقىن ئىشچى يىغىلغان ئىدى. شائىر ئېكارت ئاساسلىق نۇتۇق سۆزلىگۈچى قىلىپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ ئۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن يىغىنغا كېلەلمىگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاساسلىق دوكلاتچى قىلىپ ئىقتىسادشۇناس فەدېر بەلگىلەنگەن. ئۇ، “كاپىتالىزىمنى قانداق ۋە قايسى ئۇسۇلدا يوقۇتالايمىز” دېگەن تېمىدا دوكلات بەرمەكتە ئىدى.
ھىتلېر، كۇرۇسقا قاتنىشىش جەريانىدا فەدېرنىڭ لىكسىيىلىرىنى نۇرغۇن قېتىم ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردىمۇ ئۇنىڭ دوكلاتىنى زوقلىنىپ ئاڭلاپ ئولتۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ تەشكىلاتتىن تۈزۈك بىر تەسىراتقا ئېرىشەلمەيدۇ. روشەنكى، بۇ تەشكىلاتمۇ خۇددى باشقا نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلاردەك كۆرۈنۈپ قويۇپلا يوقاپ كېتىدىغان تەشكىلات پۇرىقىنى بېرىپ تۇرىدىغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. شۇنىڭدەك، بۇ تەشكىلنىڭ قۇرغۇچىسى ئادەتتىكى بىر ئاممىۋى كلوپنى قانداق قىلغاندا رەسمى بىر سىياسىي پارتىيىگە ئايلاندۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى پەقەتلا بىلمەيدىغان بىرسى ئىكەنلىكى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شۇ ئاخشىمىقى يىغىندا ھىتلېر ئىچى پۇشۇپ ئارانلا ئولتۇرىدۇ. فەدېرنىڭ سۆزى تۈگىشى ھامان ئۇف دەپ بىر تىنىۋالىدۇ.87 ئارقىدىن يىغىن ئەركىن مۇنازىرىگە ئوچۇق دەپ ئېلان قىلىنغىنىدا ھىتلېر قوپۇپ يىغىندىن چىقىپ كەتمەكچى بولىد-يۇ، قانداقتۇ بىر تۇيغۇلىرى ئۇنى يەنە بىر ئاز ئولتار دەپ تارتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قايتا ئولتۇرىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە مىنۇت ئۆتمەيلا ئوتتۇرلۇقتا بىر پروفېسسور باۋارىيىنى پرۇسىيىدىن ئايرىپ مۇستەقىل قىلىۋېلىشىمىز كېرەك دەپ قايناپ كېتىدۇ. بۇ گەپلەرگە چىدىماي قالغان ھىتلېر، ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىشكە باشلايدۇ. ھىتلېر، جاراڭلىق ئاۋازدا ئىنتايىن كۈچلۈك جۈملىلەر بىلەن بۇ ھەقتە 15 مىنۇتتەك سۆزلەيدۇ. كېيىن ھېلىقى پروفېسسور “… گېپىم تۈگىمەي تۇرۇپلا سۇغا چۈشكەن ئىتتەك قويرۇقىنى قىسىپ يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى” دەيدۇ.
ھىتلېرنىڭ نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتى بىلەن ئۇنىڭ ئاجايىپ مەنتىقىلىق سۆزلىرىدىن درېكسلېر قاتتىق تەسىرلىنىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ كاتىۋىغا پىچىرلاپ: “بۇ ئادەم بولىدىغان بىرسىدەك قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنايلى” دەيدۇ. كېيىن بۇ ئادەم بېرىپ ھىتلېرنى بىر چەتكە تارتىپ ئۆزىنى تونۇشتۇرىدۇ. ئەمما كېيىن ھىتلېر كۆزئەينەكلىك، كۆرۈنىشىنىڭمۇ تايىنى يوق بۇ كىشىنىڭ فامىلىسىنىمۇ ئەسلىيەلمەيدۇ. ئۇ كىشى خۇددى بىر دىنىي مورتىنىڭ مۇقەددەس كىتابنى تۇتقازغاندەك ھاياجان ئىچىدە ئۆزىنىڭ 40 بەتلىكلا كېلىدىغان مۇقاۋىسى شاپتول چېچىكى رەڭلىك بروشۇرىنى ھىتلېرنىڭ قولىغا تىقىشتۇرغىنىچە: “بۇ كىتابنى ئەستايىدىل بىر ئوقۇپ چىقىڭ، ئاندىن قايتا كۆرۈشەيلى” دەپ كۇسۇرلاپ كېتىدۇ.
ھىتلېر گازارمىدىكى ئىككىنچى قەۋەتكە جايلاشقان كىچىك ھۇجرىسىغا كىرىپ خۇددى باشقا كۈنلەردەك كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەي، چاشقانلارنىڭ يىيىشى ئۈچۈن پولغا بولكا ۋە تاماق قالدۇقلىرىنى سېپىش بىلەن مەشغۇل  بولىدۇ. ئادولف يېتىشتىن بۇرۇن بۇنداق چاشقان بېقىشنى ئۆزىگە بىر ئادەت قىلىۋالغان ئىدى. ئۇ ئەسلىمىسىدە ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە “بۇ ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ مەززىلىك پۇراپ تۇرغان ئاشقان-تاشقان تاماق قالدۇقلىرى ئەتراپىدا ئولۇشۇپ ئويناقشىپ كېتىشلىرىنى تاماشا قىلىپ جىم يېتىۋالاتتىم. ئاچچىق تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا ئاچلىقنىڭ نېمىلىكىنى ياخشى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن، بۇ چاشقانلارنىڭ يەيدىغاننى كۆرۈپ خوشاللىقىدىن ئويناقشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى ياخشى چۈشىنەتتىم.”
شۇ كۈنى سەھەر سائەت بەشلەردە كېچىچە ئۇخلىيالماي چىققان ئادولف، كارىۋىتىدا ياتقىنىچە يەردىكى چاشقانلارنىڭ يەيدىغاننى تالىشىپ بىر-بىرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ كېتىشلىرىنى تاماشا قىلىدۇ. شۇ پەيتتە ئۇنىڭ خىيالىغا ھېلىقى ئىشچىنىڭ، درېكسلېرنىڭ مەجبۇرى تۇتقۇزۇپ قويغان بروشۇرى ئېسىگە كېلىدۇ. ھىتلېر ئىختىيارسىزلا بۇ كىتابنى ۋاراغداشقا باشلايدۇ. كىتابنىڭ بىرىنچى بېتىنى ئوقۇپلا بۇ كىتابقا قىزىقىپ قالىدۇ. “مەن ئىختىيارسىز ھالدا بۇ كىتابتا ئۆزەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كۈنلىرىمنى كۆرگەندەك بولدۇم” دەيدۇ ھىتلېر ئەسلىمىسىدە. ئەتىسى، ئۇ بروشۇردىكى كۆزقاراشلار كاللىسىدىن چىقماي كەچكىچە ئۇنى ئويغا سېلىپ يۈرىدۇ. “مىللى سوتسىيالىزم” ئاتالغۇسى، “يېڭى دۇنيا تۈزۈمى” دېگەن سۆزلەر بىلەن كىتابتىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى پەرەزلەر، يەنى بۇ يېڭى پارتىيە يوقۇتۇپ قويغان غايە، ئىزىلىشكە ئۇچراۋاتقان ھوقۇقسىز ئىشچىلار، ھەتتا دۆلەت كادىرلىرى بىلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك سىنىپلاردىن تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرنىلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىشنى تەرغىپ قىلىشى ئۇنى ئۇزۇنغىچە ئويغا سېلىپ قويىدۇ.
شۇنداقتىمۇ، بۇ كىتابنى ئۇنتۇپ بۇ تۈر خىياللاردىن پاتلا قۇتۇلىدۇ. كېيىن بىر كۈنى ئۇ بىر پارچە پوچتا ئاتكىرتكىسى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇنىڭدا ھىتلېرنىڭ “نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى” گە ئەزا قىلىپ قوبۇل قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. بۇنىڭدىن ھىتلېر بەكلا ھەيران بولىدۇ. بۇ ئاتكىرتكىدا يەنە، ئۇنى چارشەنبە كۈنى چاقىرىلىدىغان كومىتىت يىغىنىغا قاتنىشىپ بېرىشى تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ھىتلېر ئۆز ئالدىغا بىر پارتىيە قۇرۇپ چىقىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن، تەييار باشقا ھەر قانداق بىر پارتىيىگە ئەزا بولۇش نىيىتى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇ، بۇ ئاتكىرتكىدىكى تەكلىپنى كۆڭلىدە قەتئىي رەت قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىگە بولغان قىزىقىشىنىمۇ بېسىۋالالماي، بېرىپ بۇ غەلىتە تەشكىلاتنىڭ يىغىنىنى كۆرۈپ باقمايمۇ دېگەن خىيالغا كېلىدۇ.
بۇ قېتىمقى يىغىن يەنە شۇ ھېررېن كوچىسىدا، ئەمما باشقا بىر تۆۋەن دەرىجىلىك قەھۋىخانا بولغان ئالتېس روزېنبادتا ئۆتكۈزىلەتتى. ھىتلېر، غۇۋا يۇرۇپ تۇرغان بىرمۇ ئادەم يوق تىپ-تىنچ رېستوران زالىدىن كەينى تەرەپكە ئۆتىۋىدى، تۆت كىشىنىڭ بىر ئۈستەل ئەتىراپىدا ئولۇشۇپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېلىقى بروشۇرنىڭ ئاپتورىمۇ بار ئىدى. درېكسلېر “نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى” گە شەرەپ بىلەن ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ (“مانا ئەندى بىزنىڭمۇ گەپكە ئۇستا ئاۋسترىيىلىك ئەزايىمىزدىن بىرسى بار بولدى!” دېگەن ئىدى كومىتىت ئەزالىرىدىن بىرسىگە). درېكسلېر ئۇنىڭغا، بىز مەملىكەتلىك تەشكىلى رەئىسىمىز خاررېر ئەپەندىنى كۈتۈپ ئولتارغان ئىدۇق دەيدۇ.
تەنتەربىيە خەۋەرلەر يازغۇچىسى بولغان رەئىس ئاخىرى كېلىدۇ. بۇ كىشى تۇغۇلىشىدىن تارتىپلا مايماق پۇت بىرسى بولۇپ،88 كۆرىنىشى بەكلا سەت، كىيىنىشىمۇ رەتسىز ئىدى. يىغىندا، ئۇ ئاۋال ئالدىنقى يىغىنلارنىڭ يىغىن خاتىرىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتىدۇ. ئاندىن كاسسىر دوكلات قىلىپ، ھازىرچە پارتىيىنىڭ ئارانلا 7 مارك 50 پىنىك پۇلى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاندىن كەلگەن خەت-چەكلەر ئوقۇلۇپ ئۇزۇن-ئۇزۇن مۇنازىرە قىلىنىدۇ. بۇ ئىشلار ھىتلېر پەرەز قىلغىنىدىنمۇ بەكرەك زىرىكىشلىك ئىشلار ئىدى. “نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق، ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇچلۇق! بۇنداق ئەھۋاللار كلوپلاردىكى ئەڭ ناچار ئەھۋالغا قالغىنىدىنمۇ بەكرەك ناچار بىر ئەھۋال ئىدى! مەن مانا شۇنداق بىر تەشكىلاتقا ئەزا بولامدىكەنمەن؟” نۆۋەت يېڭى پارتىيە ئەزاسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىگە كەلگىنىدە، ھىتلېر ئۇلاردىن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈنكى قاراشلىرى ۋە تەشكىلى-پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىرمۇنچە سۇئاللارنى سورايدۇ. ئاخىرى بۇ پارتىيىنىڭ تۈزۈك بىر نىزامنامىسىمۇ يوق، تەشۋىقات ۋاراقمۇ تارقىتىپ باقمىغان، ھەتتا ھېچ بولمىغاندا بىرەر رېزىنگە تامغىسىنىڭمۇ يوقلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. ئەگەر بار دېيىلسە، ئۇلاردا ساپ بىر ئارزۇنىلا بار دېيىشكە بولاتتى. ئۇ، بۇ ھەيئەتلەرگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىدۇ: ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىنىڭ كۆڭلىدە بىرەر سان يوقلىقىنى، پىكىرلىرىنىڭ بەكلا تۇتۇق ئىكەنلىكىنى سېزىدۇ.
ھىتلېر بۇ كۆرگەنلىرىنىڭ ھېچ بىرسىگە رازى بولمىسىمۇ، يەنىلا بۇ تەشكىلگە ئەزا بولايمۇ-بولماي دېگەن مەسىلىدە ئېنىق بىر پىكىرگە كېلەلمەيدۇ. بۇ ئىش، ئۇنىڭ ھاياتىدىكى جاۋاپ بېرىش ئەڭ قىيىن مەسىلىلەردىن بىرى ھېسابلىناتتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى كۈن جەريانىدا ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككى شەيتىنى تىنماي بىر-بىرسى بىلەن مۇنازىرە قىلىپ ئۇرۇشۇپ چىقىدۇ: ئەقلى ئۇنى دەرھال رەت قىلىشىغا ئۈندىسە، تۇيغۇلىرى ماقۇل دە، دەپ تۇرىۋالماقتا ئىدى. ئۇ خېلى بۇرۇنلا چوقۇم سىياسەت بىلەن شوغۇللىنىش يولىغا كىرىمەن دەپ قەسەم بەرگەن بولسىمۇ، كۆزئالدىدىكى بۇ كۈلكىلىك تەشكىلات ھەقىقەتەنمۇ تايىنى يوق بىر تەشكىلات ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇنداق بىر ئەۋزەللىكى بارلىقىنى ئىنكار قىلىشقىمۇ بولمايتتى: بۇ تەشكىلات ئەقىدىلىرى قېتىپ كەتكەن رەسمى بىر تەشكىلات ھالىغا كېلىپ بولالمىغان ئىدى. شۇڭا بۇنداق بىر تەشكىلاتقا قاتنىشىپ، ئۇنى خالىغان شەكىلدە يېتەكلەپ، ئۆزى ھەرىكەت پىلانلاپ تەرەققى قىلدۇرالىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ تەشكىلات بەكلا كىچىك تەشكىلات بولغاچقا، خالىغىنىچە يىتەكلىيەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچى كامىل ئىدى.
ھىتلېر، بۇ تەشكىلاتنىڭ يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ يۈرۈپ سەزگەن ئەھۋاللىرىنى كاپىتان مايرغا دوكلات قىلىدۇ. كاپىتانمۇ بۇ ئەھۋاللارنى يوقىرى دەرىجىلىك بىر قانچە ئوفىتسېر بىلەن بىر نەچچە كاپىتالىستقا مەلۇم قىلىدۇ. كاپىتان، ئۇلار بىلەن ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم “تۆت پەسىل” رېستۇرانتىدا باش قوشۇپ گېرمانىيە ھەربى كۈچلىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەر تۈرلۈك چارىلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشاتتى. ئۇلار بۇ كىچىك تەشكىلات ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشقاندىن كېيىن، پەقەت نېمىس ئىشچىلىرىنىڭ ھىمايىسىگە تايىنىش ئارقىلىقلا مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىچىك تەشكىلات — «نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى» نى باشلىنىش نوقتىسى قىلىپ تاللىۋېلىپ ھەرىكەت باشلاش قارارىغا كېلىدۇ. كاپىتان مايرنىڭ دېيىشىچە، بىر كۈنى گېنېرال لۇدېندورف تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلگەن. ئۇ، ھىتلېرنىڭ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ، بۇ پارتىيىنى قۇرۇپ چىقىش جەھەتتە ياردەمچى بولىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
يېڭىدىن تەشكىللەنگەن گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ھەر قانداق بىر سىياسىي تەشكىلاتقا ئەزا بولىشى ئەسلىدە قانۇنغا خىلاپ ئىدى. ئەمما “لۇدېندورفنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن (ئۇ ھەربىيلەر ئارىسىدا يەنىلا ھۆرمەت قىلىناتتى) بۇ قائىدىنى بۇزۇپ، ھىتلېرگە بۇ ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ ئۇلارنىڭ پارتىيىسىنىڭ كۈچلىنىشىگە ياردەمچى بول، دەپ بويرۇق قىلدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادولفقا ھەپتىسىگە بۈگۈنكى پاخاللىشىپ كەتكەن پۇل ھېساۋىدا 20 مارك پۇل بېرىلىدىغان بولدى” دەيدۇ كاپىتان ماير. شۇڭا، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ھىتلېر ئەسلىدە ئۆزى قىلماقچى بولىۋاتقان بىر ئىشنى ۋەزىپە شەكلىدە بويرۇق بىلەن تاپشۇرۇپ ئالغان دېيىشكىمۇ بولاتتى. شۇنداق قىلىپ، ھىتلېر “نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى” (نېمىسچە قىسقارتىلمىسى  DAP  يەنى “داپ” — ئۇ. ت) نىڭ رەسمى ئەزاسى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىق كىنىشكىسىنى ئالىدۇ.
ھىتلېر سىياسىي پائالىيەتلەرگە قەدەم قويۇش بىلەن تەڭ ئىدىيىۋى جەھەتتىمۇ زور دەرىجىدە ئىلگىرلەيدۇ. بۇنىمۇ كاپىتان مايرنىڭ بۇيرۇقىنىڭ بىر نەتىجىسى دېيىش مۇمكىن. مەسىلەن، بىر قېتىم مائارىپ ساھەسىدىن بىر ئوقۇغۇچى يەھۇدىي تەھدىتى مەسىلىسىگە ئائىت ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيىتىنىڭ بار-يوقلىقىنى سوراپ خەت يازىدۇ. كاپىتان ماير بۇ ئىشنىمۇ ھىتلېرغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاپ تېپىشىنى بۇيرۇق قىلىدۇ. ستېرنېكېربراۋ يىغىنىدىن 4 كۈن ئۆتكەن بىر كۈنى، ھىتلېر ئۇزۇن يېزىلغان بىر پارچە جاۋاپ خەت تەييارلايدۇ. بۇ جاۋاب خەتتە ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ھەيران قالارلىق ئىلگىرلىشى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ يازغان بۇ خېتى پۈتۈنلەي يەھۇدىيلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىنغان سۆزلەر بىلەن تولغان بولۇپ، بۇنداق سۆزلىرىنى كېيىن ھەممە كىشى تولۇق بىلىپ كېتىدۇ: “يەھۇدىيلار دېموكراتىيىنىڭ ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىنى ئالدامچىلىق يولى بىلەن قولغا كەلتۈرىۋالغان؛ ئۇ مەلئۇنلار خەلقنىڭ غۇرۇرى ئالدىدا ئۆمۈلەپ ماڭغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇلار پەقەت پۇل دېگەن بۇ نەرسىگىلا ھۆرمەت قىلىشنى بىلىدىغان بىر خەلق. … بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى، خەلقىمىزنى بۇ ئىرقنىڭ سىل كېسىلى بىلەن يۇقۇملاندۇرۇشى بىلەن نەتىجىلەنمەكتە.” ھىتلېر بۇ خېتىدە خۇلاسىلاپ كېلىپ، يەھۇدىي دۈشمەنلىك نىزامنامىسىدا ئۇلارنى چەتئەللىك ئىرقىدىن كەلگەنلەر دەپ قاراپ، قانۇنى يول بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ بەزى ئالاھىدە ھوقۇقلىرىنى بىكار قىلىشتىن ئىش باشلاش شەرت دەپ قارايدۇ. “شۇنداقتىمۇ، شۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىشكە بولىدىكى، ئەڭ ئاخىرقى مەقسىدىمىز يەھۇدىيلارنى قەتئىي تۈردە سۈپۈرۈپ تاشلاش89 (بۇ يەردە ئىشلىتىلگەن ’ئېنتېرنۇڭ‘ سۈپۈرۈپ تاشلاش دېگەن مەنىسىدىن باشقا قۇمۇرۇپ تاشلاش، يەنى يەھۇدىيلارنى گېرمانىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە، ئۇلارنى يۇلۇپ تاشلاش، يەنى يەھۇدىيلارنى يوقۇتۇش مەنىسىنىمۇ بىلدۈرۈشى مۇمكىن) بولىشى كېرەك” دەيدۇ. بۇ جاۋاب خەت، ھىتلېردىن قالغان تۇنجى سىياسىي ماتېرىيال ھېسابلىناتتى. شۇنىڭدەك يەنە بۇ ماقالىسى ئارقىلىق ھىتلېر يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ھەقىقى سىياسىي پروگرامما ھالىتىگە كەلتۈرگەن ھېسابلىناتتى.

ئىككىنچى بۆلۈم
بىخلىنىش دەۋرى — سىياسىي ھەرىكەتنىڭ شەكىللىنىشى

4. بىر سىياسىي پارتىيىنىڭ دۇنياغا كېلىشى
1919-يىلىدىن 1922-يىلىغىچە93

1

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-23 16:21:30 | ئايرىم كۆرۈش

ئىككىنچى بۆلۈم
بىخلىنىش دەۋرى — سىياسىي ھەرىكەتنىڭ شەكىللىنىشى

4. بىر سىياسىي پارتىيىنىڭ دۇنياغا كېلىشى
1919-يىلىدىن 1922-يىلىغىچە93

1
ھىتلېر، “مەن بۇ كىچىك گۇرۇپ كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ كەلگەن ۋاقتىمدا، سىياسىي پارتىيە پائالىيەتلىرى ياكى سىياسىي ھەرىكەت بىلەن شوغۇللىنىشتا قىلچە قىينالمىدىم” دەيدۇ. ئەسلىدە شۇ يىلى كۈزدە، ئىشچىلار پارتىيىسى ھىتلېرغا ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان تەشۋىقات سورۇنىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. خۇددى ماننېرھېيم كۇتۇپخانىسىدا تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئۆچمەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىپ غايە بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلىغىنىدەك، ھەممىدىن نارازى بولۇپ يۈرگەن بۇ بىر ئۇچۇم كىشىلەر ئۇنىڭغا لازىملىق ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىنى ئاتا قىلغان ئىدى.
ئۇنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى ۋەزىپىسى، ئاساسەن تالىشىپ مۇنازىرىلىشىشتىن باشقا قىلىدىغان ئىشى بولمىغان بۇ تەشكىلاتنى مەخسۇس سىياسىي ئورگان ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئىدى. پۈتكۈل پارتىيە كومۇتېتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئادەم شۇ 7 نەپەرلا ئادەم ئىدى. شۇڭا بۇ تەشكىلنى بىرەر ئاممىۋى كلوبتىن باشقا نەرسە ئەمەس دېيىشكىلا بولاتتى.” گېزىتلاردا شۇ ۋاقىت ھەققىدە ئېلان قىلىنغان چاتما ھىكايىلاردا، — دەيدۇ ھىتلېر ئەسلىمىسىدە ئۇ كۈنلەرنى قىزىقارلىق تەسۋىرلەپ، — 1919-يىلقى ميۇنخېندىكى كۈنلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ مۇشەققەتلىك كۈنلەر ئىدى. چىراقنىڭ يېغى تۈگەي دەپ پىلدىرلاپ تۇرغان، ئەخلەتلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن، قالايماقانچىلىق، يىرتىق-ياماق كىيىنگەن كىشىلەر، نامىرات ئەسكەرلەر، قىسقىسى، شۇ تۆت يىللىق ئۇرۇش بىلەن ئىنقىلاب دېگەن سېسىق نامى پۈر كەتكەن پاجىئە ئاقىۋىتىنىڭ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلىرى ئىدى.”
روزىنباردنىڭ ئارقا ھۇجرىسىدىكى يىغىلىش بۆلۈمىدە، ھەر قېتىملىق يىغىندا ئىشلىتىدىغان چىراق پىلدىرلاپ يېنىپ تۇرىدىغان بىر كىرسىن چىرىقى ئىدى. “بىز يىغىن ئاچقاندا … قىياپەتلىرىمىز قانداق ئىدى دەيسىلەر؟ بەكلا ۋەيرانە ئىدۇق. ھەربىيچە قىسقا ئىشتان، تولا بويىلىپ پىتى قالمىغان كونا چاپان، بېشىمىزغا كەيگىنىمىز بىر-بىرىمىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ياغلىشىپ پارقىراپ كەتكەن قالپاق-كەپكىلەر، ئايىقىمىزغا كەيگىنىمىز تۇلا قونجىلاپ تىتىلىپ كەتكەن كونا ئۆتۈك، قولىمىزدا ئۆزىمىز ياسىۋالغان ياغاچ ھاسسا.” ئۇ كۈندىكى ئۇنىڭ قىياپىتى ھەقىقەتەنمۇ خەلق ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى.
“يىغىنىمىز ھەر دائىم شۇ بىر قانچە كىشى بىلەنلا ئېچىلاتتى. … ئاۋال ئۆزئارا قېرىنداشلارچە سالاملىشاتتۇق. ئاندىن ھەممە بىر-بىرلەپ، ’جايلارغا ئۇرۇق چېچىلدى ھەتتا بۇ چېچىلغان ئۇرۇقلار يىلتىز تارتىپ بىخلىنىشقا باشلىدى‘ دەپ مەلۇمات بېرىشەتتى؛94 ئاخىرىدا ئۇلار بىزنىڭ بۇ ئىشلارنى ئورتاق دوكلات قىلىش ئىمكانىمىز يوقمۇ دەپ سورىشاتتى. بىز ھەر دائىم ئايرىم بىرلا ئورگان ھالىدا پالىيەت قىلىشنىلا تەكىتلەيتتۇق. پائالىيەت راسخوتى ئۈچۈن بىزدە ئادەتتە ئارانلا بەش مارك پۇلىمىز بولاتتى. ئەمما ھەر قېتىملىق پائالىيىتىمىز ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا 17 مارك پۇل خەجلەشكە مەجبۇر ئىدۇق.”
ھىتلېر ئاخىرى كومىتىت ئەزالىرىنى چوڭىراق بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە ئەزا سانىنى كۆپەيتەلىشىمىز مۇمكىن دەپ قايىل قىلىدۇ. ئادولف، ھەربىي لاگىردا روتىسىنىڭ خەت ماشىنكىسىدىن پايدىلىنىپ بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىنىدىغان كىشىلەرگە ئىۋەرتىلىدىغان باغاقلارنى ئۆز قولى بىلەن بېسىپ چىقىدۇ. يەنە بەزىلىرىگە قولدا يازغان باغاق تەييارلايدۇ. تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مىتىنگ ئاخشىمى، 7 نەپەر كومىتىت ئەزاسى “يىغىنغا قانچە ئادەم كېلەر” دەپ پەرەز قىلىشقا كىرىشتى. بىرەر سائەتتەك كۈتۈپ باققان بولسىمۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلاردىن بىرسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. “يىغىن زالىدا يەنە شۇ 7 كىشى، بىز يەنىلا شۇ بۇرۇنقى 7 كىشى بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇراتتۇق. …” شۇندىن كېيىن، ھىتلېر تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىدۇ. باغاقلارنى شىپىگىرافتا بېسىپ تارقىتىدۇ. بۇ قېتىم يىغىنغا بىر قانچە كىشى ئارتۇق كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى 11 كىشىدىن 13 كىشىگە كۆپەيدى. بىر كۈنلىرى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سانى 34 كىشىگىمۇ يەتتى.
ئۇلار يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئىئانىلىرىنى ئېلان سەنئەت ئۈچۈن سەرىپ قىلىشىدۇ. ئۇلار يەھۇدىيلارغا قارشى گېزىت «مۈنچېنېر بېئوباچتېر» گىمۇ ئېلان بېرىپ، 16-ئۆكتەبىر كۈنى خوفبراۋخاۋس پىۋىخانىسىنىڭ گەمە قەۋىتىدە ئاممىۋى يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئۇختۇرۇش قىلىدۇ.
ئەگەر بۇ قېتىمقى يىغىلىشقىمۇ يەنە شۇ بۇرۇنقىچىلىكلا ئادەم قاتنىشىدىغان بولىدىكەن، ئۇ ھالدا، بۇ قېتىمقى يىغىن ئۈچۈن خەجلەنگەن پۇل سەۋەبىدىن ئىشچىلار پارتىيىسى ۋەيران بولۇپ تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇر ئىدى. بۇنىڭدىن خاررېر بەكلا ئۈمىتسىزلىنىپ كېتىدۇ. ئەمما ھىتلېر: قورقما، چوقۇم كېلىدۇ، پەرەز قىلغىنىمىزدىنمۇ ئارتۇق ئادەم كېلىدۇ دەپ ئىشەنچ بىلەن تەسەللى بېرەتتى. ئاخشىمى سائەت 7 لەردە، ئىس-تۈتەك قاپلاپ كەتكەن پىۋىخانا زالىدا يەتمىش نەپەر (ئەسلى تەرجىمىدە  77 نەپەر دەپ ئېلىنغان، ئەمما ھىتلېر ئۆزى «كۈرەش يولۇم» كىتابىدا 117 نەپەردەپ يازغان. ئۇيغۇرچە ئا. ئابدۇلھەق بوران تەرجىمىسى «كۈرەش يولۇم» نىڭ بىرىنچى قىسىم تور بەت نۇسخىسىغا قاراڭ — ئۇ.ت) ئادەم يىغىلغان ئىدى. ئۇ ئاخشىمى كىشىلەر باش نۇتۇقچىغا قانداق باھا بەرگەنلىكى ھەققىدە بۈگۈن قولىمىزدا ھېچقانداق بىر دەلىل يوق. شۇنىسى ئېنىقكى، ھىتلېر سەكرەپ چىقىپ نۇتۇق سۆزلەيدىغان سەھنىدىكى قوپال بىر ئۈستەل ئالدىغا كەلگەن ۋاقتىدا، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى گويا توك سوقىۋەتكەندەك جىمىپ كەتكەنلىكى ئېنىق. پىلان بويىچە ھىتلېرنىڭ نۇتقى ئۈچۈن 20 مىنۇت ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇ سەھنىگە چىقىپ توختىماي يېرىم سائەت سۆزلەيدۇ. ئۇ نۇتقىدا قارىلاشلار، تەھدىت قىلىشلار ۋە ۋەدىلەر بىلەن سۇدەك سۆزلەپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆزىنى يوقۇتۇپلا قويغان بولۇپ، قاتتىق ھاياجان ئىچىدە ھېسسىياتلىنىپ سۆزلىگەن ئىدى. ئۇ گۈلدىراس ئالقىشلار ئىچىدە جايىغا كېلىپ ئولتۇرغان ۋاقتىدا، چىلىق-چىلىق تەر ئىچىدە قالغان ئىدى. ھىتلېر نۇتقىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن سۆزلىگەن بولغاچقىمىكىن، بۇ نۇتقىدىن ئۇنىڭ ئۆزىمۇ رازى ئىدى. “بۇ يەردە بۇرۇن مەن ئىچىمدە ھېس قىلىپ ئەمەلىيەتتە سىناق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بىر ئالاھىدىلىكىمنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن ئىدىم. يەنى، مەن ھەقىقەتەنمۇ بىر ناتىق ئىكەنلىكىمنى تونۇتقان ئىدىم.”
بۇ قېتىمقى يىغىن، ئۇنىڭ ھاياتىدا بىر بۇرۇلۇش نوقتىسىلا بولۇپ قالماي “نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى” ئۈچۈنمۇ بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولغان ئىدى. قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى شۇ يەردىلا 300 مارك ئىئانە قىلىشىدۇ. مانا ئەندى، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ئېلان بېرىپ تېخىمۇ كۆپ شۇئار چاپلاش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. 13-نويابىردا، ئىككىنچى قېتىملىق ئاممىۋى يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. ئۇلار بۇ قېتىمقى يىغىننى ئېبېرلبراۋ پىۋىخانا زالىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. يىغىنغا 130 دىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىدۇ (يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ستۇدېنلار، دۇكانچىلار ۋە ئوفىتسېرلاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى). يىغىندا جەمئى تۆت كىشى نۇتۇق سۆزلەش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا كىرىش بېلىتى 50 سىنىت قىلىپ بەلگىلەنگەن ئىدى. شۇ كۈنلەردە ئاممىۋى يىغىنلارغا بىلەت سېتىپ قاتناشتۇرۇش ئىشى سىياسىي پائالىيەتلەردىكى تۇنجى قېتىملىق يېڭىلىق ئىدى. شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ھەۋىسىنى ئاساسلىقى ھىتلېر پەيدا قىلغان ئىدى. نۇتۇق سۆزلىنىپ يېرىمىغا كەلگەندە بىر قىسىم قاراقۇرساق كىشىلەر قالايماقان ۋارقىراپ-جارقىرىشىپ يىغىن تەرتىۋىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى، ھىتلېر بۇنداق بىر ئېھتىمال ئۈچۈن بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىپ قويغان، يەنى يىغىن تەرتىۋىنى ساقلاش ئۈچۈن قىسىمدىكى سەپداشلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغان بولغاچقا، جىدەل باشلىنىپ بىر قانچە مىنۇتقا قالماي “جىدەل تېرىغۇچىلار يۈز-كۆزىگە مۇش يىيىشىپ بېشىنى قاماللىغىنىچە زالدىن قېچىپ چىقىدۇ”. نۇتۇقنىڭ يېرىمىدا ئۈزۈلۈپ قېلىشى ھىتلېرنىڭ ھاياجىنىنى تېخىمۇ ئارتتۇرغان ئىدى. ھىتلېر نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا، خەلق ئاممىسىغا “گېرمانىيىنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك قىياپىتىنى قەتئىي تۈردە پولاتتەك مۇشتۇم كۈچىگە تايىنىپلا تۈزەش مۇمكىن، شۇنداق كۈنلەر چوقۇم كېلىدۇ!” دەپ خەلقنى غەلىيانغا كۈشكۈرتىدۇ.
ھىتلېر يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئۆزىگە قارىتىۋالغان ئىدى. نۇتۇق سۆزلىگەندە ئۇنىڭ ئاۋازى بەكلا تەبىئى، ھېسسىياتىمۇ بەكلا ئەركىن ئىدى. ئۇنىڭ نۇتۇق سۆزلەشتىكى بۇ ئالاھىدىلىكى، مەخسۇس نەزەرىيەلەرگە تايىنىپ نۇتۇق سۆزلەشكە ئادەتلەنگەن زىيالىيلارنىڭ نۇتۇق سۆزلەش ئۇسلۇبىدىن تۈپتىن پەرق قىلاتتى. يىغىنغا قاتناشقان بىر ساقچى، ھىتلېرنى كەمسىتىپ بىر ئېلىپ-ساتارغا ئوخشىتىپ:95 “بۇ ئادەم ۋەزىيەتنى تېزگىنلەشكە بەك ئۇستا ئىكەن. بۇ ئادەم كەلگۈسىدە چوقۇم ئەڭ داڭلىق كەسىپى ناتىقلاردىن بىرسىگە ئايلانغىدەك” دەپ باھالاپ دوكلات تەييارلىغان. ئۇنىڭ چاقىرىقلىرى چىن كۆڭلىدىن چىققان گەپلەر بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بىلەن تولۇپ تاشقان ئىدى. ئۇ يىغىندا، 1918-يىلقى مەغلوبىيەتنى يەھۇدىيلار پەيدا قىلغان دەپ ئوچۇق ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق سۆزلەش ئۇسلۇبىغا، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ نۇتۇقتا ئىشلەتكەن كوچا تىلى بىلەن ئاكوپ تىلىغا كونا ئەسكەرلەر بەكلا قايىل ئىدى. ئۇلار، مانا بۇ ئادەم بىزگە ئوخشاش جەڭ مەيدانلىرىدا پىلىموتنى، چېگرا سىملىرىنى ۋە پاسكىنىچىلىقتا دېموكراتىيىنى تەڭ كۆرگەن بىرسى ئىكەن، بۇ ئادەم ئالدىنقى سەپلەردىكى مۇقەددەس سەبداشلىقنىڭ قولمۇ-قول ھەرىكەت قىلىش دېگەن ھېسسىياتلارنى نامايەن قىلىشنى بىلىدىغان بىرسى ئىكەن دەپ باھالىشىدۇ.
ئىككى ھەپتىگە قالمايلا يەنە بىر قېتىملىق داغ-دۇغىلىق ئاممىۋىي يىغىن چاقىرىلىدۇ. بۇ قېتىم يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سانى 170 كىشىگە يېتىدۇ. 10-دېكابىردا، ئۇلار تېخىمۇ چوڭ بىر پىۋىخانا زالىنى — “گېرمانىيە ئىمپىرىيىسى” ناملىق  پىۋىخانىنى ئىجارىگە ئالىدۇ. گەرچە يىغىن زالىدا رادىياتور بىلەن ئىسىتىش ئەسلەھەسى بارلىقى ئەسكەرتىلگىنىگە قارىماي، كىشىلەر يىغىن تۈگىمەيلا تارقىلىشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا، بىر قانچە پارتىيە كومىتېت ئەزاسى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يىغىن ئېچىشىمىز بەكلا كۆپ بولۇپ كەتكەچكە بۇ ئەھۋال كۆرۈلدى دېيىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ پارتىيە ئىچىدە جىددى تالاش-تارتىش باشلىنىدۇ. ھىتلېر، 700 مىڭ ئاھالىسى بولغان بىر شەھەردە ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئاممىۋى يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەس بەلكى ھەپتىسىگە ئون قېتىم يىغىن ئېچىلسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ دەپ چىڭ تۇرۇپ تالىشىدۇ. ھىتلېر، بىزنىڭ تۇتقان يولىمىز توغرا؛ شۇڭا غەلىبە چوقۇم بىر كۈنى بىزنىڭ بولىدۇ، دەپ تۇرىۋالىدۇ. دېگەندەك، ئۇنىڭ چىڭ تۇرىۋېلىشى مىۋىسىنى بېرىدۇ. قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يىغىن ئورنى ئۈچۈن داچاۋستراس كوچىسىغا جايلاشقان بىر زال تاللىۋېلىنىدۇ. بۇ يەر ھەربى گازارمىغىمۇ يېقىن يەر ئىدى. يېغىنغا ئەسكەرلەرمۇ تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلايدۇ. بۇ قېتىم يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سانى 200 كىشىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
ھىتلېرنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئىناۋىتىنىڭ بۇنچە تېز كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىدى بەزى كومىتىت ئەزالىرىنى ئەنسىرەپ قالىدۇ. ئۇلار ھىتلېرنىڭ ۋولقاندەك پارتلاپ ئەركىن قايناپ سۆزلەش ئۇسلۇبىنى ياقتۇرمايتتى. شۇنىڭدەك يەنە تەشكىلگە نۇرغۇنلىغان قوپال ئەسكەرلەرنىمۇ قوبۇل قىلىشقا كىرىشكەچكە، پۈتكۈل تەشكىلاتنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولماقتا ئىدى. سىپايە مىجەزلىك ئەزالار، بۇنداق كېتىۋەرسە چوقۇم بىر كۈنى پارتىيىمىز ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدۇ دەپ ئەنسىرىشەتتى. درېكسلېرمۇ ئەنە شۇنداق ئەنسىرەيدىغانلاردىن بىرى بولىشىغا قارىماي يەنىلا ھىتلېر بۇ پارتىيىنىڭ بىردىن-بىر ئۈمىدى دەپ چىڭ تۇرىدۇ. شۇڭا، درېكسلېرنىڭ قوللىشى بىلەن ھىتلېر پارتىيىنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل ئادىمى ئورنىغا كەلتۈرۈلىدۇ. ۋەزىپىسى ئۆستۈرۈلگەن ھىتلېر، پارتىيە ئىشلىرىدىكى ئۈنۈمسىزلىكلەرنى قاتتىق تەنقىتلەشكە باشلايدۇ. پارتىيىنىڭ يا بىر ئىشخانىسى، يا تۈزۈكىرەك ئىشخانا سايمانلىرى بولمىسا بۇ پارتىيە قانداقمۇ ئىش بېجىرەلەيدۇ؟ دەپ سۇئال قوياتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ، ئۇنى پارتىيىگە قوبۇل قىلىشقان ستېرنېكېر دېگەن پىۋىخانىدىن ئىشخانا قىلىشقا بولىدىغان بىر ئۆي ھەل قىلىدۇ. گەرچە بۇ ئۆي بەكلا كىچىك، رېستۇراننىڭ كىچىك ھۇجۇرىسى قىلىپ ئىشلىتىلگەن يەر بولسىمۇ، ئۆي ئىجارىسى ئەرزان بولۇپ، ئايلىق ئىجارىسى ئارانلا 50 مارك ئىدى. ئۆي ئىگىسى ئوتتۇردىكى بۆلۈش ئۈچۈن قويۇلغان تاختايلارنى سۆكۈپ تاشلاپ، كىچىك ئىشخانىغا قارىغاندا مىيىت چىقىرىدىغان بىر زال كۆرۈنىشىگە كەلتۈرگىنىدىمۇ كومېتىتتىكىلەردىن ھېچ كىم نارازىلىق بىلدۈرمەيدۇ. ھىتلېر كاپىتان ماير بەرگەن پۇل بىلەن پارتىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ ئىشخانىغا توك كىرگۈزۈپ لامپۇچكا، تېلېفون ئورنىتىدۇ. ئاندىن ئۈستەل-ئورۇندۇق، كىتاب ئىشكاۋى، قاچا-قۇچا ئىشكاۋى قاتارلىقلارنىمۇ ئالىدۇ. ھىتلېرنىڭ كېيىن قىلغان ئىشى يەنە مەخسۇس ئىش بىجىرگۈچىدىن بىرنى ئېلىپ پۈتۈن كۈن ئىش بىجرىدىغان قىلىشى ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربى گازارمىدىن بىر ئون بېشى — سېرژانتتىن بىرنى تېپىپ كېلىدۇ. بۇ ئەسكەر ئاق كۆڭۈل، قەتئى سادىق ۋە يۇۋاش بىر ئادەم ئىدى. ئىشقا چۈشكىنىدە ئۆزىنىڭ ئادلېر ماركىلىق خەت ماشىنكىسىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېلىدۇ. شۇ يىلى دېكابىردا ھىتلېر پارتىيە تەشكىلاتىدا ئومۇمى يۈزلۈك ئۆزگەرتىش قىلىش ئارقىلىق تالاش-تارتىشلار ئىچىدە كۈنى ئۆتىدىغان بۇ كلوپنى رەسمى بىر سىياسىي پارتىيە ھالىغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. قالغان ئەزالار بۇ تەشكىلاتنىڭ رادىكال ئوڭچى خاراكتېرلىق بىر كۇرژۇك ھالىتىدە بولۇشىنى خالايدىغان بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ كىشىلەر بۇنداق بىر ئىسلاھات يۈرگۈزۈشكە قوشۇلمايدۇ. تەشكىلاتتىكى كىشىلەر ھىتلېرغا ئوخشاش پارتىيىنىڭ تەشۋىقات ھەرىكىتىنى مەقسەت ئەمەس بەلكى ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىكى بىر ۋاستە سۈپىتىدە تونىغىدەك سەۋىيىدە ئەمەس ئىدى. بۇ چاغدىمۇ ھارغىن درېكسلېر يەنە بىر قېتىم ھىتلېرنى قوللاپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ. درېكسلېرنىڭ ئۆيىدە ھىتلېر ئىككىسى پارتىيە لايىھىسى بىلەن نىزامنامىسىنى تۈزۈشكە جىددى كىرىشىپ كېتىدۇ.96 ئۇلار ئىككىسى بۇنىڭ ئۈچۈن تالاش-تارتىش قىلىپ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ئۇلار ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئاساسلىقى يەھۇدىيلارغا ئىشەنمەسلىكى ۋە ئۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى ئاساسىغا تايانغان دېيىش مۇمكىن ئىدى. درېكسلېرنىڭ دېيىشىچە، يەھۇدىيلار بىلەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن نەچچە قېتىم ئىشسىز قالغاچقا، كېيىن “ئەسەبىي يەھۇدىي دۈشمىنى ۋە ماركسىزم دۈشمىنىگە ئايلانغان” ئىكەن. درېكسلېر ئىنتايىن راھەت نىمفېنبۇرگ رايونىدا ئولتۇراتتى. ھىتلېر ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ترامۋايلىق بېرىپ كېلەتتى. ئۇلار ئىككىسى ئىش بىلەن بولۇپ كېتىپ كەچلىك تامىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. درېكسلېرنىڭ ئايالى ئۇلارنى تاماق يېۋىلىڭلار دەپ قايتا-قايتا جىكىلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. “كىچىك قىزىم ھەر دائىم ھىتلېرنىڭ بوينىغا ئېسىلىۋېلىپ ئوينايتتى. قىزىم ئادولفقا بەكلا ئامراق ئىدى” دەيدۇ درېكسلېر ئەسلەپ كېلىپ. بۇ قىز ئادولفقا ھەقىقەتەنمۇ تاغىسى ئورنىدا ئامراقلىق قىلاتتى.
1919-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاخشىمى، ھىتلېر “بىر باغلام ئارگىنالنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ” درېكسلېرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېلىدۇ. بۇ نەرسىلەر پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ لايىھەسى ئىدى. ئىككىسى باش چۆكۈرۈپ بىر قانچە سائەت ھەپىلىشىپ نىزامنامە لايىھىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىخچام ھالغا كەلتۈرۈشىدۇ. “شۇنداق، بۇ نىزامنامە ئۈچۈن باش قاتۇرىمىز دەپ مېڭىمىزنىڭ قېتىقى چىقىپ كەتتى” دەيدۇ درېكسلېر ئەسلىمىسىدە. ئۇلار تاڭ سەھەردىلا ئاران بۇ ئىشنى پۈتتۈرىدۇ. ھىتلېر ئورنىدىن سەكراپ تۇرغىنىچە ئۈستەلنى مۇشتلاپ، “ئەندى بۇ قاراشلىرىمىز ۋىتتېنبېرگ دەرۋازىسىغا ئېسىلغان لۇتېر تاختىسىدا يېزىلغانلارغا رىقابەت ئېلان قىلغىدەك ھالغا كەلدى!” دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ.
بۇ نىزامنامە جەمئى يىگىرمە بەش ماددىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھىتلېر بۇ ماددىلارنى ئاممىۋى يىغىندا خەلققە ئاشىكارە ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ نىزامنامىنى ئاشكارە ئېلان قىلىشقا كومىتىت ئەزالىرى چوقۇم قوشۇلمايتتى. ئۇلار بۇ نىزامنامىنىڭ نۇرغۇنلىغان ماددىلىرىغا قارشى تۇرۇپلا قالماي، ئاممىۋى يىغىندا ئېلان قىلىنىشىغىمۇ قارشى چىقىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. دەسلىۋىدە درېكسلېرمۇ شۇنداق قاراشتا بولسىمۇ، يەنىلا ھىتلېرنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇپ كېيىنكى يىغىندا پۈتۈنلەي ھىتلېرنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ. نەتىجىدە قارشى چىققۇچىلارنىڭ پىكىرى پۈتۈنلەي رەت قىلىنىدۇ. ئۇلار ئاممىۋى يىغىن كۈنىنى 1920-يىلىنىڭ 24-غېنىۋارغا بېكىتىدۇ.
كۆزنى قاماشتۇرغىدەك قىزىل خەتلىك شۇئار-پىلاكاتلار ۋە يول خەرىتىلىرى پۈتۈن ميۇنخېن كوچىلىرىغا ئېسىلىدۇ. بۇ چاغدا ھىتلېرمۇ ئەنسىرىمەكتە ئىدى. يەنى ئۇ، سۆزلەيدىغان نۇتقىنىڭ كىشىلەرنى مۈگىدىتىپ قويۇشىدىن قورقاتتى. چوڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ئاخشىمى سائەت يەتتە يېرىمغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. سائەت يەتتىدىن چارەك ئۆتكەندە، ھىتلېر خوفبراۋخاۋس پىۋىخانىسىنىڭ مۇراسىم زالىغا كىرگىنىدە، زالدا ئىككى مىڭ كىشىلىك يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تىقلىم-تىقلىم ئولتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ خوشاللىقىدىن يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكىدەك ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەك قىسمى كوممۇنىستلار ياكى مۇستەقىل سوتسىيالىزمچىلاردىن تەشكىل تاپقانلىقى ئۇنى تېخىمۇ بەك خوش قىلىۋېتىدۇ. ھىتلېر، دۈشمەن سېپىدىكى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىدىكى ھەقىقى غايىلىك كىشىلەر چوقۇم ئۇلارنى ھىمايىچىلىرى بولۇپ ئۆزگىرەيدۇ دەپ قەتئىي ئىشەنچ قىلاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ يىغىن تەرتىۋىنى قالايماقان قىلىشىنىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.
يىغىن باشلانغىنىدا، زال ئىچىدىكى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تىم-تاس ھالەتكە كېلىدۇ. بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىققان كىشى مول تەجرىبىلىك خەلق ناتىقى دىڭگفېلدېر دېگەن كىشى ئىدى. ئۇ، نۇتقىدا ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ يەھۇدىيلارغا زەربە بېرىپ سۆزلەيدۇ. ئۇ نۇتقىدا شېكىسپيېر بىلەن شىللېرنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر ئېلىپ، ئىنتايىن سىلىقلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەچكە، كوممۇنىستلارمۇ ئۇنىڭ نۇتقىدىن تولا بەك غەزەپلىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن ھىتلېرگە نۆۋەت كېلىدۇ. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سەھنىگە كېلىدۇ. ھېچ كىم قالايماقان ۋارقىراپ ئىسقىرتىشمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇچىسىدا بەكلا كونىراپ كەتكەن كونا پاسون كۆك رەڭلىك پەلتۇ بار ئىدى. مۇنداق قارىماققا، ھىتلېرنىڭ بۇ قىياپىتىگە قاراپ ئۇنى ھېچ كىم بىر ناتىققا ئوخشىتالمايتتى. ھىتلېر نۇتقىنى باشلىغىنىدا ئالاھىدە ھاياجان پەيدا قىلىدىغان جۈملىلەرنى ئىشلەتمەي ناھايىتى خاتىرجەم ۋە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن سۆزلەيدۇ. ئۇ، ئۆتكەن ئون يىللىق تارىخنى قىسقىچە ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ. ئەمما گەپ، ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىنى قاپلىغان ئىنقىلاب بورانلىرى ئۈستىگە كەلگىنىدە ئۇنىڭ ئاۋازى ھاياجان بىلەن جاراڭلاپ چىقىشقا باشلايدۇ؛ قولىنى شىلتىپ سۆزلەشكە كىرىشىدۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت ئۇچقۇنلىرى چاقنىماقتا ئىدى. بۇ چاغدا غەزەپلىك ئاۋازلار زالنىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. زال ئىچىدە پىۋا پوتولكىلىرى ھەر تەرەپكە ئۇچۇشقا باشلايدۇ. دەل شۇ پەيتتە شلانكا ۋە قامچىلار بىلەن قۇراللانغان ئەسكەرلەر — ئادولفنىڭ ھەربىيلەردىن كەلگەن ھىمايىچىلىرى “خۇددى قاۋان ئىتتەك ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىپ، كرۇپ پولات تۆمۈر شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان پولات-تۆمۈرلەردىن ياسالغاندەك مۇستەھكەم قورغان بولۇپ ئۇيۇشۇپ، جىدەل تېرىغۇچىلارنى شۇ ھامان ئەدەپلەشكە كىرىشىدۇ”. ئۇزۇنغا قالمايلا جىدەل تېرىغۇچىلار ئۆزلىرىنى پىۋىخانا سىرتىدا كۆرىدۇ. يىغىن تەرتىۋى بىر ئاز تىنجىغان بولسىمۇ، كۈلكە-چاخچاقلار تېخى بېسىقمىغان ئىدى.97 ھىتلېرمۇ نۇتىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. زالدىن كۆتۈرۈلگەن ۋارقىراشلار ئۇنىڭ پەرۋايىغىمۇ كەلمىگەن ئىدى. ئادولف ماننېرھېيمدا تۇرىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بۇنداق قالايماقانچىلىقلارغا كۆنۈپ كەتكەنلا بولماي، ھەتتا بۇنداق قالايماقانچىلىقتىن ئۆزىگە كۈچمۇ ئالاتتى. ئۇنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق قىياپىتى بىلەن سۆزلىرى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى خاتىرجەم قىلىشقا يەتكەن ئىدى. كۆپچىلىك قايتىدىن گۈلدىراس ئالقىش ياڭرىتىشقا باشلايدۇ. بۇ ئالقىش سادالىرى قارشى چىققۇچىلارنىڭ غۇدۇراشلىرىنى پۈتۈنلەي بېسىپ چۈشىدۇ. ھىتلېر، نۇتقىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ توننىلاپ پۇل بېسىپ تارقىتىۋاتقانلىقىنى قاتتىق سۆكۈش بىلەن بىرگە، سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ ئاددى خەلق ئاممىسىدىنلا قورقىدىغانلىقىنى پاش قىلىپ قاتتىق سۆكۈدۇ. “ئەگەر فامىلىسى يەھۇدىيچە خۇممېلبېرگېر ياكى ئىسىدور باخ بولمىسا تۆۋەن تەبىقە خەلق نېمىمۇ قىلالايتتى؟” دېگەندەك رەسمى كەسىپى سۆزگە ئايلىنىپ كەتكەن بۇ تۈردىكى يەھۇدىيلارغا قارشى گەپلەرنى دېيىشى بىلەن قارشى تەرەپتىكىلەر بىلەن قوللىغۇچىلارنىڭ بىر-بىرسىگە ھۇجۇم قىلىپ ۋارقىراشلىرى قايتىدىن زالغا بىر كېلىدۇ. بۇ قېتىم ھىتلېر ھۇجۇمنى شەرقلىق يەھۇدىيلارغا قاراتقىنىدا ئالقىش سادالىرى ۋارقىراش ئاۋازىنى بېسىپ چۈشۈپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر “يوقالسۇن يەھۇدىيلار!” دەپ توۋلىشىپ كېتىدۇ.
ھىتلېر بۇنچە كۆپ ئامما ئالدىدا سۆزلەپ كۆنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاۋازىمۇ ھېلى كۈچىيىپ، ھېلى پەسىيىپ چىقاتتى. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىسىزلىكىنىڭ ئۆزىمۇ كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ سەمىمىي خاراكتېرى خانس فرانك ئىسىملىك يىگىرمە ياشلىق بىر قانۇن ستيۇدېنتىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىۋېتىدۇ. “بۇ ياش ئۇنىڭ سەمىمى ساپ دىللىقىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ، كۆڭلىدىكى گەپلەرنى يۇشۇرماي دېيەلەيدىغان بىرسى ئىكەن، ھەرگىز خەلقنى ئالدايمەن دەپ گەپ ياساپ يۈرمەيدىكەن، ئۆزى تولۇق قايىل بولۇپ كەتمىگەن، ئۆزىمۇ چۈشەنمىگەن نەرسىلەرنى ھەرگىز سۆزلەپ يۈرمەيدىكەن” دەپ باھا بېرىدۇ. بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىققان كىشىنىڭ ياسالما، ھەشەمەتلىك سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن كېيىن، ھىتلېرنىڭ سۆزلىرى پارتلاش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئادەتتە بەكلا قوپال بىلىنگىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئىپادىلەش قابىلىيىتى ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك ئىدى. يىغىننى مەخسۇس قالايماقانلاشتۇرماقچى بولۇپ كەلگەنلەرمۇ قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ، نۇتقىنى ئاددى سۆزلەر بىلەن باشلاپ، بارغانسىرى چوڭقۇرلاپ ماھىيىتىگە يەتكۈزۈپ سۆزلەشكە تىرىشاتتى. ئاۋازىمۇ جاراڭلىق بولۇپ، ئەڭ كەينىدە ئولتۇرغان كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئېنىق ئاڭلىيالايتتى. فرانكنى ھەممىدىن بەك تەسىرلەندۈرگىنى، “كاللىسى بەك ئىشلەپ كەتمەيدىغان ئەڭ دۆت كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلەيتتى. … ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىش ماھارىتىگە ئىگە بىرسى” ئىكەنلىكى ئىدى.
ھىتلېر، نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا 25 ماددىلىق پروگراممىسىنىڭ مۇھىم نوقتىلىرىنى خەلققە ئوقۇپ بۇ ماددىلارنى بىر-بىرلەپ ماقۇللىتىدۇ. بۇ پىرىنسىپلار يەھۇدىيلاردىن باشقا بارلىق كىشىلەرگە لازىملىق بەزى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. يەنى، ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەرگە بارلىق نېمىسلار بىرلىشىپ بۈيۈك بىر ئىمپىرىيە قۇرۇپ چىقىش لازىملىقىنى؛ نوپۇس ئارتىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى مۇستەملىكىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى؛ دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا نېمىس مىللىتى تەڭ باراۋەر ھوقۇققا ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى؛ ۋېرسال شەرتنامىسىنى چوقۇم ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى؛ چوقۇم بىر مىللى قۇراللىق ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى؛ قانۇن-تۈزۈملەرنى كۈچەيتىپ، جىنايەتچىلەرگە قارشى رەھىمسىزلەرچە كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىشچىلار سىنىپىغىمۇ پايدىلىق نەرسىلەر بار ئىدى: ئىشلىمەي چىشلەشنى بىكار قىلىش؛ ئۇرۇش غەنىمەتلىرىنى ئومۇمنىڭ قىلىش؛ يەرلەرنى مۇسادىرە قىلىپ جامائەت مۈلۈككە ئايلاندۇرۇش؛ چوڭ تىپتىكى زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ پايدىسىنى ئىچكى قىسىمدا تەڭ تەقسىم قىلىش دېگەندەكلەر بەلگىلەنگەن ئىدى. ھاللىق سىنىپلارغىمۇ تېگىشلىك نەرسىلەر بار ئىدى: چوڭ تىپتىكى تۈرلۈك ماللار سودا سارايلىرىنى دەرھال جامائەت مۈلۈككە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، تۆۋەن باھادا ئۇششاق تىجارەتچىلەرگە ئىجارىگە بېرىش؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشانغانلارنىڭ تەن ساغلىق سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاشنى تەكىتلەيدۇ. مىللەتچى ئەقىدىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن بولسا، يەھۇدىيلارنى چەتئەل مۇھاجىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاشكارە ئىش يېرى ئېچىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش؛ ئەگەر مەملىكەت بويىچە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىمكانىيىتى بولماي قالغاندا بۇ مۇھاجىرلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش؛ 1914-يىلى 2-ئاۋغۇستتىن باشلاپ چېگرادىن كىرگەن يەھۇدىيلارنى دەرھال قوغلاپ چىقىرىش دەيدىغان مەزمونلار كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
ھىتلېر، ھەر مۇھىم نۇقتىنى ئوقىغىنىدا توختىۋېلىپ زالدىكىلەردىن چۈشىنىپ-چۈشەنمىگەنلىكىنى، بۇلارغا قوشۇلۇپ-قوشۇلمايدىغانلىقىنى سوراپ تۇرىدۇ. يىغىندىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قوشىلىمىز، دەپ توۋلاشسىمۇ، يەنە بىر قىسىملار تەشكىللىك تۈردە مازاق قىلىپ كۈلىشەتتى. قايسى بىر نارازى بولغۇچى ھەتتا ئورۇندۇقىغا چىقىۋېلىپ ۋارقىراپ نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولىدۇ. بۇ چاغدا قامچا-توخماقلىق تەرتىپ ساقلىغۇچىلار بۇنداقلارنى بىر-بىرلەپ ئەدەپلەپ چىقىدۇ.98 ھىتلېر، توپ-توغرا ئىككى يېرىم سائەت سۆزلەيدۇ. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ سەھنىدىن ئايرىلىۋاتقىنىدا كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىشىپ ھۇررا دەپ سادا كۆتۈرىشىدۇ. يىغىن تۈگىشى بىلەن، پۈتۈن خەلق گۈلدىراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتىۋېتىدۇ. بايىقى ياش، يەنى فرانك، “ئەگەر گېرمانىيىنىڭ تەغدىرىنى قولىدا تۇتالايدىغان بىرەر كىشى بار دېيىلسە، بۇ ئادەم دەل ئادولف ھىتلېر بولىشى كېرەك” دەپ ئىشىنىدۇ.
ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، شۇ كۈنكى يىغىلىش، قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ قالايماقانلىق تېرىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قارىغاندا، يىغىن تولۇق مۇۋەپپىقىيەتلىك بىر يىغىن ھېسابلىناتتى. كىشىلەر يىغىن زالىدىن تىزىلىپ چىقىۋاتقىنىدا، ھىتلېر، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى يولىنىڭ داغدام ئېچىلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ: “مەن، بۈگۈنكى يىغىنىمىز تامام، دەپ ئېلان قىلغان ۋاقتىمدا، مەنلا ئەمەس، نۇرغۇن كىشىلەر ’ئەندى بۆرە ئىنىدىن چىقىپ كەتتى‘ دەپ ئويلىماقتا ئىدى. بۇ بۆرە، خەلق ئاممىسىنى ئالداپ ئاقماق قىلىپ يۈرگەنلەرگە قارشى چوقۇم ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان بوللىدۇ.” ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر بۆرە ئىدى. يەنى ئادولف دېگەن بۇ ئىسىم، كونا نېمىسچىدا “تەلەيلىك بۆرە” دېگەن سۆزدىن كەلگەن بىر ئىسىم ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، “بۆرە” دېگەن بۇ سۆز، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ يېقىنلىرى ھىتلېرغا بۇ لەقەمنى قويىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنىڭدەك سىڭلىسى پاۋلا ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ لەقەم ئۇنىڭ مەخپى ئىسمى ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، كۆپلىگەن ھەربىي قوماندانلىق شىتاپلىرىدا بۇ لەقەم ھىتلېرنى بىلدۈرىدىغان بىر ئىسىم ھالىغا ئايلىنىدۇ.
ھىتلېرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى شۇ كۈنلەردىكى ميۇنخېن گېزىتلىرىنى بەك قىزىقتۇرۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى يىغىن، نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالغا تاشلانغان چوڭ بىر قەدەم ھېسابلىناتتى. شۇ كۈنى پارتىيىگە يېڭىدىن يۈز كىشى ئەزا بولۇپ قوشۇلىدۇ. ھىتلېرنىڭ چىڭ تۇرىشى بىلەن، پارتىيىنىڭ تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇلۇپ پارتىيە ئەزالىق كىنىشكىسىمۇ تارقىتىلىدۇ. كىشىلەرگە بۇ پارتىيىنى راستلا چوڭ بىر پارتىيە ئوخشايدۇ دەيدىغان تۇيغۇغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پارتىيە ئەزالىق تىزىملىكى 501-ئەزا دەپ باشلىنىپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر پارتىيە ئەزا ئىسىمىنىڭ باش ھەرىپى تەرتىۋى بويىچە تىزىلىدۇ. كەسىپى “رەسسام” دەپ يېزىلغان ھىتلېرنىڭ پارتىيە ئەزالىق كىنىشكە نومۇرى 555 ئىدى.

2
شۇندىن ئىتىۋارەن، ئادولف يەپ-يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم قويىدۇ. ئۇنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى كېڭىيىپ بېرىش-كېلىش قىلىدىغان ئادەملىرىنىڭ تۈرىمۇ كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ بىرلا ئورتاق نوقتىسى بار ئىدى: ئۇلارنىڭ ھەممىسى نېمىسلىكنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ياخشى كۆرۈپ، ماركسىزمنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن نەپرەتلىنىدىغان كىشىلەر ئىدى. ميۇنخېندا بىر ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى بار بولۇپ، ئۇ تەغدىرنىڭ يۇلتۇز تۈركۈملىرى تەرىپىدىن تېزگىنلىنىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بىرى ئىدى. ئۇ يەنە بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن ھەر قانداق بىر ئىنسان گۇرۇپپىسى ئارىسىدىن يەھۇدىيلارنى بىر قاراپلا پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئىقتىدارىم بار دەپ ماختىناتتى. تېخىمۇ قىزىقى، بۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى كاپىتان ئېرنىست رۆم دېگىنى ئەسلىدە بىر بەچچىۋاز (ھوموسېكسۇئال — ئۇ.ت) بولۇپ، بىر ۋاقىتلاردا روتا كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى. ئەسلىدە ئۇ ھەقىقەتەنمۇ لاياقەتلىك ئوفىتسېر بولۇپ، خېيىم-خەتەرلىك ۋاقىتلاردا ئىشىنىشكە بولىدىغان سەپداش ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ تۇرقى پاكار بويلۇق، دۇغلاق سېمىز، چاچلىرىنى ھەر دائىم رەتلىك ياسىتىپ يۈرىدىغان، كۈلىشلىرى بەكلا ئۇماق بىرى ئىدى. ئۇنى، ئۇرۇشنىڭ تىرىك مىس ھەيكىلى دېيىشكىلا بولاتتى: ئۇنىڭ بۇرنى ئوق زەربىسىدە پۇچىلىپ كەتكەن، يۈزىدىمۇ چوڭقۇر تاتۇقى بار بولۇپ، ئۇ ھازىر دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر ئوفىسېرى ئىدى. ئۇ ھەردائىم “مەن رەھىمسىز ھەمدە پىشىپ يېتىلمىگەن بىرسى بولغىنىم ئۈچۈن، قىزىقىدىغان ئىشىم سىلەرنىڭ قىزىقىدىغىنىڭلاردەك ئۇنداق پۇخرالارچە قۇرۇق گەپ سېتىپ يۈرىدىغان ئىشلار ئەمەس بەلكى ئۇرۇش ۋە توپىلاڭ چىقىرىش” دەيتتى. رۆم بىلەن ھىتلېر ئىككىسى مىللەتچىلىك كۇرژۇكى (تۆمۈر مۇشتلار كۇرژۇكى) نىڭ بىر قېتىملىق مەخپى يىغىنىدا كۆرۈشكىنىدىن ئىتىبارەن، رۆم، بۇ پىداكار ئون بېشىنى ھەقىقەتەنمۇ “نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى” گە رەھبەرلىك قىلىشقا لايىق ئەڭ مۇۋاپىق نامزات ئىكەن دەپ ئىشىنىدۇ. رۆم، بۇ پارتىيىگە نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەرنى ئەزا قىلغان بولغاچقا، ئەمەلىيەتتە ئۇ درېكسلېر-خاررېر تەشكىلىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىغا خاس ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن دېيىشكە بولاتتى. ئەسلىدە ئۇرۇش-جىدەللىك ئاممىۋى يىغىلىشلارنىڭ يىغىن تەرتىۋىنى ئەنە شۇ ئەسكەرلەر ساقلايتتى. ھىتلېر بىلەن رۆم ئىككىسى ئالدىنقى سەپتە ئەسكەرلەرگە قول-پۇت بولۇپ كۆڭۈل بۆلۈشتە ئەجرىسى بولغان كىشىلەر بولغاچقا، جاپا-مۇشەققەتلىك قانلىق جەڭلەردە ئورتاق ھېسسىياتقا ئىگە يېقىن سەپداش بولۇپ قالىدۇ. گەرچە يېقىندا رۆم، كاپىتان مايرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ھىتلېرنىڭ كوماندىرلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ99 يەنىلا ھىتلېرنى ماڭا سەنلەپ گەپ قىل دەپ چىڭ تۇرىۋالاتتى. ئۇنىڭ ھىتلېر بىلەن بۇنچە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىشى نەتىجىسىدە ھىتلېرمۇ باشقا ئوفىسېرلار بىلەن ئەنە شۇنداق يېقىن مۇناسىۋەت قىلىشقا كۆنىدۇ.
ھىتلېرنىڭ يازغۇچى دىترىخ ئېكارت بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىگىمۇ قىل سىغمايتتى. بۇ ھەقتە ئېكارت مۇنداق دەيدۇ: “يېڭى دەۋرنىڭ سىياسىي داھىلىرى چوقۇم پىلىموت-توپ ئوقىنىڭ ئاۋازىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قابىلىيەتلىك كىشىلەردىن بولىشى كېرەك. … قىزىللارغا قارشى رەھىمسىز جاۋاپ قايتۇرالايدىغانلا بولىدىكەن، ئۇنداق بىرسى قىلچە ئابرويى يوق بىر مايمۇن بولغىنىدىمۇ قەتئىي ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرىمەن. خۇددى شۇنىڭدەك، يوقىرى بىلىملىك بىر پروفېسسور، ئەگەر خەلق ئاممىسى غەزەپلىنىپ ئورۇندۇقلارنى سۇندۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرىۋەتسىمۇ يىغىندىن قاچماي تۇرۇپ بېرەلەيدىغانلا بولىدىكەن، مەن يەنىلا بۇ تۈردىكى بىلىملىكلەرنى ھىمايى قىلغۇچىلاردىن بولىمەن. … ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىتلېر دېگەن بۇ ئادەم بويتاق بىرسى بولغاچقا، تەشكىلاتىمىز تېخىمۇ كۆپ خوتۇن-قىزلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالىشى مۇمكىن!” دەيتتى. ھىتلېر بىلەن بۇ قېرى زىيالى، ياش جەھەتتىن بەكلا چوڭ پەرق قىلاتتى (ئۇ يازغۇچى، ھىتلېردىن 21 ياش چوڭ)، ھەمدە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ تۈپتىن ئوخشىمايدىغان (ئېكارت ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن بىلىملىك بىرسى) بولسىمۇ، ئۇ ئىككىسى سىياسىي تونۇشلا بولۇپلا قالماي كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا بوھېمىيىلىك ھەمدە تۆۋەن تەبىقە تىلىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر ئىدى؛ يەنە كېلىپ ئىككىسىلا مىللەتچى بولۇپ، يەھۇدىيلارغا قاتتىق ئۆچ ئىدى. شۇڭا، ئېكارت ئادەتتە نېمىستىن خوتۇن ئالغان بىر يەھۇدىي 3 يىللىق قاماق جازاسىغا كېسىلىشى؛ يەنىلا ئۆزگەرمەي جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇنىڭغا قەتئىي تۈردە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەك دەيتتى.
ئېكارت، رومانتىك بىر ئىنقىلابچى بولۇپ، قەھۋىخانا مۇنازىرىلىرىنىڭ ئۇستىسى ئىدى. ئۇ، بەكلا نازۇك، كىشىلىك تۇرمۇشقا بەكلا تەمكىن، ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق مەھەلە نوچىسى بولۇپ، ھەر دائىم سەھنە بېشىدا كۆرۈنۈپ يۈرەتتى. ئەگەر نۇتۇق سۆزلەش ئۈچۈن ئازىراقلا پۇرسەت تاپسا مەيلى ئۆي، مەيلى كوچا ياكى قەھۋىخانا بولسۇن قىلچە تارتىنماي ئىنتايىن جەلىپ قىلارلىق نۇتۇق سۆزلەپ كېتەتتى. ئەمما ئۇ زەھەرلىك چىكىملىك خۇمارى بار بىرسىلا بولۇپ قالماي يەنە كېلىپ زابوي ئىدى. ئۇنىڭدىكى بۇنداق چاكىنا ئادەتلەر جەمئىيەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش يارىلىرىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى. ھىتلېر، قىزغىن سۆھبەتلىك، سۇدەك راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بۇ زىيالى بىلەن خۇددى بىر كېمىنىڭ دېڭىز قاراقچىلىرىدەك ئايرىلالماس ھالغا كەلگەن ئىدى. ئېكارت بولسا ميۇنخېننىڭ بىشەم كېچە دۇنياسىدا ھىتلېرغا خال شاھزادىسى ئۈچۈن فالستاف (فالستاف — شېكىسپيېر كومېدىيىلىرىدىكى بىر پېرسۇناژ بولۇپ، پو ئېتىشنىڭ سىموۋۇلى) رولىنى ئويناپ بېرەتتى. يەنى ئېكارت ھىتلېرنىڭ ئۇستازى ھالىغا كەلگەن ئىدى. ئۇ ھىتلېرغا ھەربى پەلتودىن بىرنى سوغا قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ گرامماتىكىسىنى تۈزىتىشكە ياردەمچى بولىدۇ؛ ئۇنى ئالى دەرىجىلىك رېستۇرانت ۋە قەھۋىخانىلارغا باشلاپ بارىدۇ. شۇنىڭدەك ھىتلېرغا داڭلىق ئەدىپ كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ (ھىتلېرنى كىشىلەرگە، بۇ كىشى چوقۇم بىر كۈنى گېرمانىيىنى قۇتقۇزىدىغان بىرسىگە ئايلىنىدۇ دەپ تونۇشتۇراتتى). ئادەتتە ئۇ ئىككىسى ئولتۇرۇپ مۇزىكا، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە سىياسەت ھەققىدە سائەتلەپ مۇنازىرىلىشىپ كېتەتتى. شۇنداق قىلىپ، بۇ قوپال يازغۇچى ھىتلېرنىڭ ئۈستىدە ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.
خوفبراۋخاۋۇس مىتىنگىدىن كېيىنكى بىر قانچە ھەپتىدە ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە بېرلىنگە بىر قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. ۋېيمار سوتسىيالىست ھۆكۈمىتى، گېنېرال ۋالتېر ۋون لۈتۋىتز يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان “جەڭگىۋار ئەركىن پولك” نى تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن بولسىمۇ بۇ ھەربى قىسىم تارقىلىپ كېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە پايتەختكە يۈرۈش قىلىپ بېرلىننى ئىشغال قىلىۋالىدۇ ھەمدە كاپ ئىسىملىك ئادەتتىكى بىر مەمورى ئەمەلدارنى باش ۋەزىر قىلىپ تىكلەيدۇ. ھىتلېر بىلەن ئېكارت ئىككىسى كاپ ئوڭچىلار گۇرۇھىنىڭ قوزغىلىڭى ئىنتايىن كۈچلۈك يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، باۋارىيە بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلابى تەدبىر قوللىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ بار-يوقلىقىنى بېكىتىش مەقسىتىدە ئىككىسى بىرلىكتە بېرلىنغا بېرىشنى پىلانلاشقان ئىدى. كاپىتان رۆم بۇ پىلاننى تەستىقلاپ، ئۇ ئىككىسىنى بىر تەنتەربىيە مەشىق ئايروپىلانىغا ئولتارغۇزۇپ يولغا سالىدۇ. بۇ ئايروپىلان مەخسۇس ھىتلېرغىلا مەنسۈپ ئايروپىلان بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ليوتچىكى لېتىنات روبېرت رىتتېر ۋون گرېيم (ئۇرۇش مەزگىللىرىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ماھارەتلىك ليوتچىكلاردىن بىرى ئىدى. بۇ ليوتچىك تېخى ياش تۇرۇپلا “ئوچقۇچىلار بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتى” غا ئېرىشكەن. كېيىن ئۇ، ھىتلېرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىدۇ) ئۇلار بېرلىنغا قاراپ ئۇچقان كۈنىسى ھاۋا بەكلا ناچار ئىدى. گەرچە ئۇچقۇچى گرېيمنىڭ ئايروپلان ئۇچۇرۇش تېخنىكىسىغا گەپ كەتمىسىمۇ ھىتلېر تىنماي قەي قىلىپ چىقىدۇ. ئوتتۇر يولدا قونۇپ ئۆتىدىغان ئايروپورت ئىش تاشلىغان ئىشچىلار تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنغىنى ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى بېرلىن سەپىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراشقا قىل قالىدۇ. شۇ چاغدا ھىتلېر دەرھال ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئۆزىگە يالغان ساقالدىن بىرنى تاقاپ گىرىم قىلىۋالىدۇ. ئېكارتمۇ ئۆزىنى سودىگەر قىياپىتىدە گىرىم قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىشچىلار ئۇلارنىڭ بېرلىن سەپىرىگە يول قويۇشىدۇ.100 ئايروپلان بېرلىنغا بېرىپ قونغاندا ھىتلېرنىڭ چىرايى ئاپئاق تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، “بۇندىن كېيىن ھەرگىز ئايروپلان دېگەن بۇ نەرسىگە چىقمايمەن” دەپ قەسەم قىلىۋېتىدۇ.
گەرچە ئىسىيانچىلار 13-مارتتا بىر پايمۇ ئوق ئاتماي بېرلىن دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ غەلىبىسى ئاتاقتىكىلا بىر غەلىبە بولۇپ قالىدۇ. يەنى، سالاھىتى بار كىشىلەردىن بىرمۇ ئادەم “باش ۋەزىر” كاپنىڭ كابېنتىدا ۋەزىپە ئېلىشنى خالىمايدۇ. ئالدىراپ-سالدىراپ پىلانلاپ باشلىتىلغان بۇ قوزغىلاڭ، باشلىنىشىدىن تارتىپلا مەغلوبىيەتلىك بىر قوزغىلاڭغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ مەغلوب بولىشىنى بىرەر قايتارما ھۇجۇم ياكى بىرەر بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى پەيدا قىلغان بولماستىن، پۈتكۈل گېرمانىيە خەلقىگە ئوخشاش بېرلىنلىقلارمۇ ھەربىلەرنىڭ جەڭگىۋار كەيپىيات بىلەن ئوتتۇرغا چىقىشىنى خالىماي پۈتۈن خەلق ھەربى ئىسيانچىلارغا قارشى دولقۇنغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇلار، ئەندى بۇنداق ئىنقىلابلارنى قوزغاشنىڭ قىلچە مەنىسى يوق دەپ قارىشاتتى. شۇڭا، ئېبېرت ھۆكۈمىتى مەملىكەتلىك ئومۇمى يۈزلۈك ئىش تاشلاش چاقىرقىنى چىقارغان ۋاقتىدا ئىشچىلار ئۇلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ كاپ ھاكىمىيىتىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ: شەھەردە ئېلېكتىر كېسىۋېتىلىدۇ، ترامۋايلار بىلەن مېترولار (يەرئاستى تۆمۈريول قاتنىشى) توختاپ كېتىدۇ، پۈتۈن شەھەردە سۇ توختاپ كەتكەن، كوچىلاردا ئەخلەتلەر دۆۋىلىنىپ سېسىپ پۇراشقا باشلىغان؛ ماگازېن-مەمورى ئورگانلار تاقىلىپ كەتكەن ئىدى.
بېرلىندا كېچىدە ياكى مۇم يۇرىقى ئاستىدا دەۋر سۈرىۋاتقان كېچىلىك ھايات يەرلىرىلا ئۆز ئىشىنى توختاتماي داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. ئەسلىدە بۇنىڭدەك چىرىك سورۇنلار ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن قايسى بىر سېرىق كىنونىڭ تۈرتكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇ كىنو 11 ياشلىق بىر تۈركۈم ئۇششاق پاھىشىلەر قويۇق گىرىم قىلىشىپ ئۇزۇن ئۆتۈكلەرنى كىيىپ يۈرىدىغان ئامازونلۇقلارنىڭ خورلىنىش ئارزۇسىنى تېما قىلغان سادىزم ھېكايىلەردىن ئىشلەنگەن كىنو ئىدى. شەھەر ئىچىدە ھەر تۈرلۈك ئىشقىۋازلىقلارغا لايىق، ھەر خىل مىجەزلىكلەرگە ئۇيغۇن قەھۋىخانىلار، رېستۇرانتلار — يەنى ئەر ياكى ئايال بەچچىۋازلار، يالىڭاچ بەدەن خۇمارىدىكىلەر، سادىزم زۇلۇمى قىلغۇچىلار ۋە سادىزم زۇلۇمىغا ئۇچراشنى خالىغۇچىلارغا لايىق سورۇنلار قۇمدەك ئىدى. يالىڭاچ بەدەنگە ھەۋەسلىنىدىغان ئىشلار قاتارىدا قارىلىدىغان، سەنئەتنىڭ مەقسىدىمۇ ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىلىدىغان، خىيالى دۇنيا يارىتىپ مەس بولىدىغان غەلىتىلىكلەر چېكىگە يەتكەن ئىدى. قىسقىسى، بېرلىن شەھىرى دادائىزم سەنئەتچىلىرىنىڭ پائالىيەت مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بۇ ئېقىمغا مەنسۈپ شائىر ۋالتېر مېھرىڭگ ئاچچىق ھەجىۋى ئىپادە ۋە لەھجىلەردە شىئېر يازغان بولۇپ، بۇ شىئېردا بېرلىنلىقلارنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋىتى تەسۋىرلەنگەن ئىدى:
چاققان كېلىڭلار بالىلار،
ھەممە ھۇزۇر ئىچىدە ئۆلۈم مەيدانىغا ئالدىراڭلار،
ئىشتان بېغىڭلارنى چىڭ باغلاپ،
يەھۇدىي بۆرىلىرىنى ھايداڭلار.
زەھەرلىك گاز بىلەن كرىست كۆتۈرۈپ،
جامائەت ئارىسىدا قىرغىن قىلىڭلار!
ئېبېرت ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ئىش تاشلاش چاقىرىقى ھەقىقەتەن فرانكېنستېين ئاپىتىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كاپ كۈچلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىنىپ، سولچىلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق توپىلاڭ چىقىرىش دولقۇنى ئۈچۈن يول ئېچىلغان ئىدى. كوممۇنىستلارنىڭ گېرمانىيە تەۋەسىدە پەيدا قىلغان توپىلاڭلىرى شۇنداق چېكىدىن ئاشقان نوقتىلارغا بېرىپ يەتتىكى، پرىزدېنت ئېبېرت قىزىللارنىڭ ئىسىيانىنى يىمىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ئىلاجىسىز نەچچە كۈن ئاۋال ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ كېتىپ قالغان گېنېرال ۋون سېكتنى قۇراللىق كۈچلەر باش قۇماندانلىقىغا تەيىنلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ گېنېرالنىڭ قىلغان بىرىنچى ئىشى تېخى يېڭىلا تارقىتىۋېتىلگەن “ئەركىن كورپۇس” ئەسكەرلىرىنى قايتىدىن بىر يەرگە يىغىش بولىدۇ. ۋەزىيەت تەرەققىياتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئاچچىق كۈلدۈرگىدەك تۈستە ئىدى: تۈنۈگۈنكى توپىلاڭچى قوشۇن بۈگۈن قانۇننى كۈچەيتىپ تەرتىپ ساقلاش ۋەزىپىسىگە قويۇلىۋاتاتتى. بۇنداق غەلىتە ئىشلارنى پەقەت دادائىزم دراماتورگىلا يېزىپ چىقالايدىغان كومىدىيىلەردىن ئىدى: ئېبېرتنىڭ “ئەركىن كورپۇس” ئەسكەرلىرىگە تارقاتقان مۇكاپات، كاپ ھۆكۈمىتىنىڭ “ئەركىن كورپۇس” قا ئېبېرت ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغىنىدا بېرىمەن دېگەن مۇكاپاتنىڭ نەق ئۆزى ئىدى.
ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن “ئەركىن كورپۇس” نىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە بەكلا ئېغىر ئىدى. ساكسونىيەدە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىۋالغان؛ 20-مارت كۈنىگىچە، 50 مىڭ كىشىلىك ئىشچىدىن تەشكىل تاپقان قىزىل ئارمىيە قوشۇنى رۇر رايونىنىڭ كۆپ قىسىم شەھەر رايونىنى ئىشغال قىلىۋالغان ئىدى. يەنە شۇ كۈنى، كومپارتىيىنىڭ «رۇر ساداسى» گېزىتى “غالىپ قىزىل بايراق چوقۇم پۈتۈن مەملىكەت بويىچە لەپىلدەيدۇ”101 دەپ ئېلان قىلىپ، “گېرمانىيە چوقۇم سوۋېت جۇمھۇرىيىتىگە ئايلىنىپ سوۋېت رۇسىيىسى بىلەن بىرلىشىپ دۇنيا ئىنقىلابى بىلەن دۇنيا سوتسىيالىزم غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ قاڭقىش تاختىسىغا ئايلىنىشى كېرەك!” دەپ داۋراڭ قىلىشاتتى.
3-ئاپرېلدا، “ئەركىن كورپۇس” قوشۇنلىرى رۇرغا بېسىپ كىرىپ قىزىل ئارمىيە پوزىتسىيىلىرىنى تارمار كەلتۈرۈپ، ساق قالغان قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى رەھىمسىزلەرچە قىرىپ تاشلايدۇ. “ئەگەر بۇ ئىشنى سىلەرگە سۆزلەپ بەرسەم چوقۇم يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن دېيىشىڭلار مۇمكىن. — دەپ يازىدۇ ئەركىن كورپۇس قىسىمىنىڭ ياش بىر ئەسكىرى ئائىلىسىگە ئىۋەرتكەن خېتىدا، — قىلچە رەھىم قىلمايتتى، … ھەتتا بىز قىزىل ئارمىيە ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان قىزىل كرىست جەمئىيىتىنىڭ ئون نەپەر سىستىراسىنىمۇ يېنىڭلاردا تاپانچا بار ئىكەن دېگەننى باھانە قىلىپ ئېتىپ تاشلىدۇق. بىز بۇ كىچىك قىزلارنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدۇق. ھەتتا ئۇلارنىڭ جان ئازاۋىدا بىر قوشۇق قېنىدىن كېچىشلىرىنى تىلەپ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرىنى تاماشا قىلىپ كۆڭۈل ئاچتۇق. ياق، سىلەرگە ھەرگىز رەھىم قىلالمايمىز، ھەر قانداق قۇراللىق بىرسى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز! دەيتتۇق.”

ھىتلېر بىلەن ئېكارت ئىككىسى ھېلىقى كۆڭلىنى ئايلاندۇرۇپ تۇلا قۇستۇرىۋەتكەن ئايروپلانغا ئولتۇرۇپ بېرلىنغا كېلىپ قونغان ۋاقتلاردا كاپ قوزغىلىڭىمۇ ئاخىرلىشىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئىككىسى ئايروپلاندىن چۈشۈپ ئۇدۇل ئىمپىرىيە باش مىنىستىرلىك بىناسىغا بېرىپ كاپنىڭ ئاخبارات ۋەكىلى بولغان ۋېنگريەلىك يەھۇدىي ترېبىتش-لىنكولن بىلەن سۆزلىشىدۇ. ئۇ بىر تەۋەككۈلچى ۋېنگر بولۇپ، لۈكچەك مىجەز بىرسى ئىدى. بۇ كىشى بىر ۋاقىتلاردا نيۇيوركتا گېرمانىيە ئىمپىراتورىنىڭ جاسۇسى دەپ قولغا ئېلىنغان ئىكەن. بۇ ۋېنگر ئۇلارغا كاپنىڭ ئادەملىرى تېخى يېڭىلا قېچىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئىككەيلەن ياخشىسى سالاھىيىتىنى ھېچ كىمگە ئۇختۇرماي يوشۇرۇن تۇتىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا قولغا ئېلىنىش خەۋىپى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. بەزى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، شۇ چاغدا ئېكارت بۇ ئادەمنىڭ بىر يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ ھىتلېرنى نوقۇپ پىچىرلىغان ئاۋازدا: “ئادولف بۇ يەردىن يوقۇلايلى، بۇ يەردە بىزگە پايدىلىق ھېچ ئىش يوق ئىكەن” دېگەنمىش.
شۇنداقتىمۇ، ئۇلار يەنىلا قەلبىدىكى قەھرىمان ھېسابلىنىدىغان لۇدېندورفنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن پايتەختكە بارىدۇ. بۇ كۈنلەردە لۇدېندورف پۇخراچە ياسىنىپ جەنۇپ تەرەپلەرگە قېچىپ كېتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ يۈرگەن بولۇپ، شۇ قاتاردا نۇرغۇنلىغان ئوخشاش قاراشتىكى شىمالى گېرمانىيىلىكلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يۈرگەن ئىكەن. ئۇنىڭ مەخپى ئۇچۇرىشىپ يۈرگەن ئادەملىرى ئارىسىدا “دۇبۇلغىلىقلار” پارتىيىسىدىكىلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ تەشكىلاتتىكىلەر كونا ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان ھەددىدىن تاشقىرى مىللەتچى گۇرھ ئەزالىرى بىلەن يەنە زور مىقداردا سانائەتچىلەر ياردىمىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرىمۇ بار ئىكەن. ئېكارت، شاگىرتى ھىتلېرنى پىيانو زاۋۇدىنىڭ ئايال خوجايىنى ھېلېنا بېچستېيىن رىياسەتچىلىكىدە تەشكىللەنگەن سالوندىكىلەر بىلەن تونۇشتۇرىدۇ. بۇ ئايال ھىتلېرنى بىر كۆرۈشتە “گېرمانىيىنى قۇتقازماقچى بولغان بۇ يىگىت” كە مەھلىيا بولۇپ، ئۇنى ئۆز تەۋەسىدىكى تەسىرى كۈچلۈك كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇشقا ۋەدە قىلىدۇ.
31-مارت كۈنى ھىتلېر ميۇنخېنغا قايتىپ كېلىدۇ. يەنە شۇ كۈنى، ھىتلېر ھەربى سەپتىن چېكىنىپ چىقىپ ئاددى بىر پۇخراغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇنىڭ ئۆز تەلىۋى بولىشى ياكى باشقىلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ھەربى سەپتىن چېكىنگەن بولىشىمۇ بىر ئېھتىمال. ھىتلېر 50 مارك چېكىنىش سوممىسىنى ئېلىپ، بىر پەلتو، بىر شەپكە، بىر قۇر كىيىم، بىر قانچە ئىشتان، ئاياق-پايپاق ۋە ئىچ كىيىملىرىنى چامىدانىغا سېلىپ گازارمىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن تيېرش كوچىسى 41-نومۇرلۇق بىنادىن چاققانغىنە بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ جايلىشىدۇ. بۇ ئۆي ھاللىق سىنىپلار ئولتۇراق رايونى تەۋەسىدىكى ئۆي بولۇپ، ئىسار دەرياسىنىڭ بويىدا بىر بىنادا ئىدى. بۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك 3~4 قەۋەتلىك بىنالار بولۇپ، ئاستى قەۋىتى دۇكان ياكى ئىشخانا قىلىنغان، ئۈستى قەۋەتلىرى چاققان-چاققان ئۆيلەردىن ياكى بويتاقلار ئۆيلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ھىتلېر ئىجارىگە ئالغان ئۆي بەكلا كىچىك بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 15 فۇت (4.5 مېتىر ئەتراپىدا — ئۇ. ت)، كەڭلىكى 8 فۇت (2.5 مېتىرغا يېقىن — ئۇ. ت) لا كېلەتتى. بۇ ئۆي ئۇنىڭ ۋيېننا ماننېرھېيمدا تۇرغان ئۆيىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئۇزۇنچاق تار بىر ئۆي ئىدى. بۇ ئۆي، بىنادىكى ئەڭ سوغۇق ئۆي بولۇپ، ئۆي غوجايىنى ئېرلاڭگېر، “بۇ ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان خېرىدارلىرىمنىڭ تولىسى كېسەل بولۇپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا، بۇ ئۆينى ئەندى ھېچكىمگە ئىجارىگە بېرەلمەيدىغان بولدۇم دەپ ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ساقلايدىغان ئىسكىلات قىلىۋالغان ئىدىم” دەيدۇ.
ھىتلېر تاللىۋالغان بۇ ئۆي، «مىيونخىېن كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتى تەھرىراتىغا يېقىن بىر يەردىكى بىنادا بولۇپ، ھىتلېر بۇ يەرنى شۇنىڭ ئۈچۈنلا تاللاپ ئىجارىگە ئولتۇرغان ئىدى.102 چۇنكى بۇ گېزىت، ئىسمىنى «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» دېگەنگە ئۆزگەرتىپ ئىزچىل تۈردە يەھۇدىيلارغا، ماركسىزمچىلارغا قارشى كانايلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە ئىدى. ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەنە شۇ گېزىتنىڭ تەسىرى ئارقىلىق شەكىللەنگەن دېيىش مۇمكىن. مەسىلەن، تېخى يېقىندىلا بۇ گېزىتتا بېسىلغان بىرىنچى بەت باش ماقالىسىغا «يەھۇدىيلارغا ئۆزىمىزنى تونۇتۇپ قويايلى!» دەپ تېما قويۇلغان بولۇپ، ئاپتور ماقالىسىدا ھەر قانچە رەھىمسىز تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كەلسىمۇ يەھۇدىيلارنى پۈتكۈل گېرمانىيە تەۋەسىدىن بىرنىمۇ قويماي تازىلىۋېش كېرەكلىكىنى تەرغىپ قىلماقتا ئىدى. بۇنداق ماقالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى رۇسىيىدىن قېچىپ چىققان مۇساپىرلار يازغان بولۇپ، ھىتلېر بۇ ماقالىلاردىن كوممۇنىزمنىڭ كۈندىن-كۈنگە قورقۇنۇشلۇق تۈسكە كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇراتتى.
ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ھۇجۇم نىشانى يەھۇدىيلار بىلەن تىنچلىق سۇلھىسىغا قول قويغانلار ئىدى. بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىنلا ئاندىن ماركسىزمغا قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىشىنى پىلانلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھىتلېر بىلەن ئېكارت ئىككىسى گېرمانىيە كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆزىنى پىدا قىلىش روھىغا ئاز-تۇلا قايىل ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇ كوممۇنىستلارنى ئۆز يېنىغا قارىتىۋېلىشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ ئىككىسى بىرلىشىپ تەييارلىغان «نېمىسلار ۋە يەھۇدىي بولشېۋىكچىلىكى» دېگەن ماقالىسىغا ئېكارت ھەتتا “نېمىس بولشېۋىكچىلىكى” دېگەن مەزمۇننىمۇ قوشۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ، ھىتلېر بىلەن بىرگە قاتناشقان بىر قېتىملىق يىغىندا پارتىيە ئىچىدىكىلەرگە قارىتىپ سۆزلىگەن نۇتقىدا، “گېرمانىيەدىكى كوممۇنىستلار ھەقىقەتەنمۇ غايىلىك، شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ھېس قىلمىغان ھالدا گېرمانىيىنى قۇتۇلدۇرۇش كۆرىشى بىلەن شوغۇللانماقتا” دەپ كومىنىستلارنى مەدھىلەيدۇ.
ئەمما رۇسىيىدىن قېچىپ چىققان مۇساپىرلار بۇنداق مۇرەسسەچىلىككە قەتئىي قارشى ئىدى. ئۇلارنىڭ يازغان ماقالە ياكى سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدا ئېيتقان بولشېۋىك خەۋىپى ھەققىدىكى سۆزلىرى، ھىتلېرغا كۈندىن-كۈنگە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلماقتا ئىدى. شەرقتىن كەلگەن بۇ “ئاخىرزامان مۇخلىسلىرى” ئارىسىدا كىشىنى سۆز بىلەن قايىل قىلىشقا ئەڭ ماھىر بىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئالفرېد روزېنبېرگ، يەنى شۇ ئېستونىيەدىن كەلگەن ياش ئارخىتىكتور ھەم قوشۇمچە رەسسام ئىدى. بۇ كىشى بىلەن ھىتلېر يېڭى تونۇشقىنىدا بىر-بىرسىگە ئۇنچىۋالا يېقىن بولۇپ كېتەلمەيدۇ. “ئەگەر مەن ئۇنى بىر كۆرۈپلا پۈتۈنلەي قايىل بولدۇم دېسەم قېپ-قىزىل يالغان گەپ قىلغان بولىمەن. — دەيدۇ روزېنبېرگ كېيىن ئەسلىمىسىدە. ئەسلىدە ئۇ، ھىتلېرنىڭ مىتىنگلەردە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇنىڭغا قايىل بولغان ئىكەن، — مەن بۇ يەردە، ئەركىن بىر پۇخرالىق جاسارىتى بىلەن قۇرۇق قول ئوتتۇرىغا چىقىپ مەخسۇس غايە ئۈچۈن كىشىنى قايىل قىلارلىق كۈرەشكە ئاتلىنالىغان، ئالدىنقى سەپلەردە جەڭ كۆرگەن پىشقەدەم بىر ئەسكەرنى كۆردۈم؛ مەن ئۇنىڭ نۇتقىنى 15 مىنۇت ئاڭلاپلا شۇنداق قاراشقا كەلگەن ئىدىم.”
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي جەريانىدا روزېنبېرگنىڭ يازغان ماقالىلىرى ئېكارتنىڭ ھەپتىلىك ژۇرنىلى بىلەن باشقا مىللەتچى ژۇرناللاردا كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ھىتلېر بىلەن ئىككىسى تېخىمۇ يېقىنلىشىپ بىر-بىرسىدىن زادىلا ئايرىلالماس ھالغا كېلىدۇ. ھىتلېرغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى، روزېنبېرگنىڭ “بولشېۋىكلار ھەرىكىتى، يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيانى بوي سۇندۇرۇشتىن ئىبارەت يەرشارى خاراكتېرلىق ستىراتىگىيىسىنىڭ بىر باسقۇچىدىنلا ئىبارەت” دېگەن گېپى ئىدى. بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەلىلىنى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە خوفبراۋخاۋس چوڭ يىغىنىدىن بىر كۈن كېيىن قولغا چۈشۈرىدۇ. شۇ كۈنىسى، «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتىدا «يەھۇدىي دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈش كاتتىلىرى توختامنامىسى» ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ توختامنامىنى “دۆلەتنى تىرىلدۈرۈش كاتتىلىرى” شىۋىتسارىيىنىڭ باسېل شەھىرىدە چاقىرغان قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرغا قويغان دەپ پەرەز قىلىنماقتا ئىدى. بۇ ئەسلىدە دۇنيانى بويسۇندۇرۇش سۈيىقەستىنىڭ 24-نۆۋەتلىك مەخپى قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان بىر دوكلات تىزىسى ئىدى (بۇ “توختام” لايىھىسى ئەسلىدە يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ بۈشۈگى ھېسابلىنىدىغان فرانسىيەدە يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يازغۇچىسى چاررۇسىيىنىڭ بىر ئىشپىيونى ئىكەن. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ، يەنى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا روسىيىدە ئېلان قىلىنغان. بۇ توختامنامىنىڭ گېرمانىيىدە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىشى ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمى ئىمزالىنىپ بىر يىلدىن كېيىنكى ئىش بولۇپ، گېرمانىيىدە تۇرىۋاتقان رۇسىيىلىك مۇھاجىرلار چىقىرىۋاتقان بىر ژۇرنالدا بېسىلغان بولسىمۇ، ئۇ ۋاقىتلاردا تۈزۈك تەسىر قوزغىيالمىغان. بۇ كىلىشىمنامە ئەسلىدە ئىختىيارى يازغۇچىلار تەرىپىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىرىلغان ئۇيدۇرما ھۆججەت ئىدى. ئەمما بۇ ماتېرىيال ئىككىنچى ۋىلھېلم بىلەن ئىككىنچى نىكولاي تەرىپىدىن گۆھەر تېپىۋالغاندەك ئەتىۋارلانغان. روسىيە چار پادىشا جەمەتى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىكاتىرىنبۇرگدا، يەنى چار پادىشاسى سۈرگۈندە تۇرغان يەردە بىر پارچە «ماسۇنلار توختامنامىسى»، بىر پارچە «تەۋرات» ۋە بىر پارچە «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» دېگەن كىتاب تېپىلغان. — ئا. ھ. ئى) بۇ «توختامنامە»، ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا بولغان بىر تەرەپلىمە قارىشى بىلەن يەھۇدىي تەھدىتى ئۈچۈن قىممەتلىك بىر دەلىل، شۇنىڭدەك يەنە روزېنبېرگ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ھىتلېر، روزېنبېرگنىڭ بولشېۋىكلارغا قارىتا سەگەك بولۇش كېرەك دېگەن گېپىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ.103 شۇنداقلا، شۇ كۈنلەرگىچە قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوممۇنىزم مەسىلىسى ئاستا-ئاستا پارتىيە ئەقىدىلىرىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمىغىمۇ ئايلىنىدۇ.
بۇ «توختام» نىڭ راستلىقىغا ئىشەنگەنلەر يالغۇز ھىتلېرلا ئەمەس ئىدى. شۇ يىلىنىڭ ماي ئېيىدا لوندوندا چىقىدىغان «تايمىس» گېزىتىمۇ بۇ ھەقتە ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىدۇ. ماقالىدا، بۇ «توختامنامە» يەھۇدىينىڭ يەھۇدىيلارغا قارىتىپ يازغان ھەقىقىي ھۈججىتى؛ شۇڭا، بۇ ماتېرىيالغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك دەپ باھا بېرىدۇ. يەھۇدىي دۈشمەنلىكى، ئەسلىدە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن تەرغىپ قىلىنغان بىر قاراش ئىدى؛ «توختامنامە» پۈتكۈل ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەللەر ئىچىدىلا تارقىلىپ قالماي يەنە جەنوبى ۋە شىمالى ئامېرىكا قىتئەلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنىدۇ. بۇمۇ يامان غەرەزلىك يەھۇدىي دۈشمەنلىكىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ. ئەسىرلەر بويىچە كاتولىكلارنىڭ ئالغان تەربىيىسى “ئەيسانى يەھۇدىيلار ئۆلتۈردى دېيىش بىلەن باشلىناتتى؛ بۇ دىننىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مورتى بولغان مارتىن لوتېرمۇ يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ، يەھۇدىيلار تەڭرىنى ئىبلىسقا ئوخشىتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىمۇ ’ئۆتكۈر ۋابا، يۇقۇملۇق كېسەللىك، كەمكۈستىسىز ئاپەتنىڭ نەق ئۆزى‘ دەپ قارايتتى. قىسقىسى، يەھۇدىيلار، خرىستىئانلار بىلەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغاچقا ئۇلارغا ئەڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك” دەيدىغان قاراشتا ئىدى.
ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى، ئاساسلىقى ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىنقىلاب دەۋرىدىكى كۈزىتىشلىرىدىن كەلگەن بولۇپ (قىزىق يېرى، ھىتلېرنىڭ بۇ ۋاقىتلاردىكى ئۆي خوجايىنى بولغان ئېرلاڭگېرمۇ بىر يەھۇدىي ئىدى. بۇ يەھۇدىي شۇ كۆڭۈللۈك كۈنلىرىنى ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: “مەن ئۇنىڭ بىلەن پەلەمپەيدە ياكى تاشقارقى ئىشىك تۈۋىدە پات-پات دوقۇرۇشۇپ قالاتتىم. ئۇنىڭ، يېنىغا سەپ يۈرىدىغان خاتىرە دەپتىرىنى چىقىرىپ بىر نەرسىلەرنى خاتىرلەپلا يۈرىشىنى كۆرەتتىم. … مەن ئۇنىڭ بىز توغرىلىق باشقىچە قاراشقا كېلىپ قېلىش ئېھتىمالىنى ھەرگىز پەرەز قىلالمىغان ئىدىم.” — ئا. ھ. ئى)، ئەمما بۇ تۈر قاراشلىرى يەنە كېلىپ روزېنبېرگ، تۇلې جەمئىيىتى ياكى گوبىنېياۋ، لۇتېر ۋە شۇ قاتاردىكى بىر قىسىم داڭلىق يەھۇدىي دۈشمىنى كىشىلەردىن ئالغان قاراشلىرىنى ئۆز قاراشلىرىغا ياردەمچى بولىدىغان بىرەر خۇلاسە دەپلا قارايتتى. يەنى، ھىتلېر بۇ تۈر كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىدىن شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا لازىم بولىۋاتقان بەزى قاراشلارنىلا قوبۇل قىلىۋالغان دېيىش مۇمكىن. ۋە بەلكىم ئۇنىڭغا ئەڭ قاتتىق تەسىر قىلغان نەرسە يەنىلا شۇ كىچىك بروشۇرلار، ئاغزىدىن زەھەر تامچىپ تۇرىدىغان يەھۇدىي دۈشمىنى قارىشىدىكى پەسكەش ئوڭچىل گېزىت-ژۇرناللار بولىشىمۇ مۇمكىن. چۇنكى ئۇ، بۇرۇندىن تارتىپلا، يەنى ۋيېننادىكى ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا بۇنىڭدەك پەسكەش نەرسىلەرنى قاينىتىپ ئىچىۋالغاندەك ئوقۇپ يۈرەتتى. بۇ تۈردىكى پەسكەش ماقالىلارنىڭ كاللىسىغا تېرىۋەتكەن ئۇرۇقلار 1920-يىلى 13-ئاۋغۇستتا ميۇنخېندىكى داڭلىق خوفبراۋخاۋس مىتىنگدە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇ قېتىمقى يىغىندا، ھىتلېر “بىز نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرىمىز” دېگەن تېما بويىچە ئىككى سائەت تىنماي سۆزلەيدۇ. ھىتلېر نۇتقىنىڭ بېشىدىلا “پەقەت پارتىيىمىزلا سىلەرنى يەھۇدىي ھۆكۈمرانلىقى ئاسارىتىدىن ئازات قىلالايدۇ!” دەپ ئوچۇق جاكارلايدۇ. ھىتلېر نۇتقىدا، يەھۇدىيلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن تارتىپلا جەمئىيەتنى بۇلغاپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلى توختىلىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ نۇتقىدا ئالاھىدە مەزمون ياكى رېتىم بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئەسلىدە، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان يەھۇدىي دۈشمەنلىك قارىشى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا خاس بىر قاراش بولۇپ، تارىخ بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئەمما ئۇ بۈگۈنكى ھادىسىلەر بىلەن تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى ئۇستىلىق بىلەن يۇغۇرۇپ دەل ۋاقتىدا غەزەپ-نەپىرەتنى قوزغۇتۇش ماھارىتىگە ئىگە تالانتلىق بىرسى ئىدى. دەرۋەقە، بۇنىڭ پايدىسىنىمۇ كۆرىدۇ: شۇ قېتىملىق يىغىندا خەلق ئاممىسى چاۋاك چېلىپ ۋە كۈلكە سادالار بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى ماقۇللاپ ئالقىش ياڭرىتىپ ئون نەچچە قېتىمدەك سۆزىنى بۆلۈپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ يەھۇدىيلارنى كۆچمەن قەبىلىلەرگە ئوخشىتىپ “يول توساپ بۇلاڭچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان” رەزىللىكنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغان مەخلۇقلار دەپ سۆزلىگىنىدە خەلق ئاممىسى ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق ئالقىشلايدۇ.
ئەستايىدىللىق بىلەن ئالدىن پىلانلاپ يېزىپ چىققان قارىلاش نۇتۇقلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ھىتلېرنىڭ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلىشلىرىنى ھېچ نېمىگە ئەرزىمەس سۆزلەر دېيىشكە بولاتتى. ئۇ، تۇنجى قېتىم ئاشكارە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ يەھۇدىي سۈيىقەستىنىڭ خەلقئارالىق خاراكتېرغا ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇلار تەرغىپ قىلىۋاتقان بارلىق مىللەتلەر باپ-باراۋەر ۋە شۇنىڭدەك خەلقئارالىق ئىتتىپاق — ئىنتېرناتسيۇنالىزم قاتارلىقلار ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ جاسارىتىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان بىر سۈيىقەست ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلارنىڭ رەزىل، ئەخلاقسىز ۋە تەييارتاپ بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى؛ بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار بۇزغۇنچى، بۇلاڭچى ھەمدە “بارلىق مىللەتلەرگە زىيان سالىدىغان زىيانداش ھاشارەتلەر” گە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن يەھۇدىيلارغا قارشى ئومۇمى يۈزلۈك كۈرەش قىلىشقا چاقىرىدۇ. بۇ كۈرەشتە يەھۇدىيلارنى شەرقلىق ياكى غەربلىك، ياخشى ياكى يامان، نامىرات ياكى باي دەپ ئايرىپ يۈرمەستىن ھەممىنى بىر خىل تونۇش كېرەكلىكىنى، بۇ كۈرەش بىر يەھۇدىي ئىرقىغا قارشى كۈرەش بولغانلىقى ئۈچۈن قىلچە پەرقلەندۈرمەي يەھۇدىيلا بولىدىكەن ئۇلارغا ئومۇمى يۈزلۈك قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. “پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى بىرلىشەيلى!” دېگەن بۇ شۇئار بۈگۈنكى دەۋرگە ماس كەلمەس بولۇپ قالدى؛ شۇڭا بۈگۈنكى جەڭگىۋار شۇئارىمىزنى “پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىيلارغا قارشى خەلقلەر بىرلىشەيلى!” “ياۋروپا خەلقى ئازاتلىققا مۇھتاج!” دېگەندەك شۇئارلارغا ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك دەيدۇ. قىسقىسى، ھىتلېر يەھۇدىيلار مەسىلىسىنى “ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىش” كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.104 گەرچە ھىتلېرنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى نىسبەتەن مۇجىمەلدەك كۆرۈنسىمۇ يەنىلا ئىنتايىن رەھىمسىز بىر چاقىرىق ئىدى: “يەھۇدىيلارنى خەلقىمىز ئارىسىدىن تولۇق تازىلىۋېتىشىمىز كېرەك!” دەپ قاتتىق تەكىتلەيدۇ. ھىتلېر، يەھۇدىيلارغا قارشى كۈرەش قىلىش يولىغا خېلى بۇرۇنلا ئاتلانغان ئىدى. شۇ يىلىنىڭ باشلىرىدىلا «ميۇنخېن پوچتىسى» گېزىتىدا ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارنى مازاق قىلىپ دوراپ يۈرۈشىنى كۈلكىلىك دەپ ھېساپلاپ، “ئادولف ھىتلېر خۇددى بىر سىرىك سەنئەتچىسىگىلا ئوخشاپ قالغان، ئۇنىڭ نۇتۇق سۆزلەش شەكلى بىر سىرىك ئويۇنچىسىنىڭ نەق ئۆزى” دەپ يازغان بولسا، بۇ قېتىملىق نۇتقىغا قارىتا بۇ گېزىت خېلىلا سەگەك مۇئامىلىدە بولۇپ، ھىتلېرنىڭ نۇتۇقلىرىنىڭ مۇراسىملاردا ھەقىقەتەنمۇ سىھىرلىك تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان: “شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، ئەگەر ھىتلېرنىڭ نۇتۇقلىرىدا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك بىرەر نەرسە بار دېيىشكە توغرا كەلسە، ميۇنخېندا قوزغىلاڭچى ئاممىنى كۈشكۈرتۈپ كەلگەن ئادەم، دەل شۇ ھىتلېر دېيىشكە ھەقلىقمىز.”
ئەمما ھىتلېر، بۇ جەھەتتە جىدەل پەيدا قىلغۇچى، ئىرقچىلارغا چاقىرىق قىلغۇچى بىرسىلا ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىش چاقىرىقىغا قىزىقىدىغان كىشىلەردىن يەنە ئۇلۇغ ئىمپىرىيە قۇرۇشنى ئاخىرقى غايە قىلىشقان كىشىلەر، يەنى كىشىلەر تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىپ كېلىنگەن ئوتتۇرا تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرا ياشلىق شەھەر ئاھالىسىمۇ بار ئىدى. 1913-يىللىرىدىلا بۇ تۈردىكى كىشىلەر “پان گېرمان ئىتتىپاقى” نىڭ باشلىقى ھېينرىك كلاسنىڭ “يەھۇدىيلار بارلىق خەۋىپنىڭ مەنبەسى؛ يەھۇدىيلار بىلەن نېمىسلار ئوت بىلەن سۇدەك قەتئىي چىقىشالمايدىغان ئىككى خىل خەلق” دېگەن سۆزلىرىگە قەتئىي ئىشەنگەن ئىدى. كلاس، “كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم بىرسى چىقىپ نېمىس خەلقىنى يەھۇدىيلارغا قارشى كۈرەشكە يېتەكلەيدۇ؛ … بىز ئەنە شۇنداق بىر يېتەكچىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈتىشىمىز كېرەك! سەۋىر قىلايلى، زېرىكمەي ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتەيلى، ئۇنداق بىرسى چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ! شۇڭا بۇ كۈرەشتە قەتئىي چىڭ تۇرىشىمىز كېرەك، بۇ جەھەتتە بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ پائالىيەت قىلىشىمىز كېرەك!” دەپ جاكارلىغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە ھىتلېرنىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنىڭ تىزىسىدىن ئۇنىڭ يەھۇدىيلاردىن ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق قورقىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىن: “قانخور يەھۇدىيلار! ئۇلار خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى يىتەكچىلىرىنى قىرىپ تۈگىتىپ بۇ يەرنى رۇسىيىنىڭ جەسەتخانىسىغا ئايلاندۇرماقچى!” “يەھۇدىيلار بۈگۈنكى گېرمانىيىنىڭ مۇستەبىتى ھالىغا كېلىۋېلىشتى؛ بىزنىڭ بۇ كۈرىشىمىز دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىت ئوتتۇرسىدىكى بىر كۈرەش؛ ياق، بۇ كۈرەش يەھۇدىيلار بىلەن نېمىسلار ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشتۇر. ئىشنىڭ بۇ تەرىپىنى كىم تونۇپ يېتەلىدى؟” “ئاكسىيە بازىرى بىلەن ھايانكەشلىككە تايىنىپ بارلىققا كەلتۈرۈلگەن تىنچلىقنىڭ، يەنى پۇل پاخاللىقى دەۋرىدىكى ئاچارچىلىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىغا بولغان تەلەپلەرنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىنىڭ ئاستىدا يوشۇرۇنغان غەرەرەزنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ بۇلاردىن كىم مەنپەتدار بولىۋاتىدۇ؟ يەنە شۇ يەھۇدىيلار! … بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلارنىڭ ئىرقلارنى كەڭ كۆلەملىك قۇرۇتۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بىر تەييارلىقى! بۇ ھەرىكەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولىشى، يەنى كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىق پەيدا قىلىۋېتىشلىرى ئۇلارنىڭ بۇ غەرىزىنى تولۇق ئىسپاتلىماقتا. بولۇپمۇ ئاچارچىلىق پەيدا قىلىش، ئۇلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىر قۇرالى. ئاچارچىلىق يەھۇدىيلار ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. …” “دۇنيا ئىنقىلابى دېگەنلىك، پۈتۈن دۇنيانىڭ خەلقئارالىق ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ غوجايىنلىرىغا، يەنى يەھۇدىي مۇستەبىتلىرىگە ئەل بولۇشى دېگەنلىكتۇر.”
مىسال كەلتۈرۈلگەن بۇ سۆزلىرىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ھىتلېرنىڭ يەھۇدىي قورقۇنچىسى بىلەن يەھۇدىي ئۆچمەنلىكى ئۇنىڭ رەسمى سىياسىي پەلسەپەسى ھالىغا كەلمەكتە ئىدى. يەنە شۇ ۋاقىتلاردا، تېخى يۇمىران بىخ ھالەتتىكى تاشقى سىياسەت چۈشەنچىلىرىمۇ شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. ھىتلېر شۇ يىلى سىنتەبىردە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدا مۇنداق دەيدۇ: “بىز بۈگۈن پۇت-قولىمىز چۈشەلگەن، مىدىر-سىدىر قىلالماس، ئۈن چىقىرالماس ھالغا كەلتۈرۈلدۇق. بىز گەرچە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىمىزدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان بولساقمۇ، دۈشمىنىمىز بولغان فرانسۇزلار بىلەن ئۇرۇش قېلىشتىن ھەرگىز قورقۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.” ھىتلېر يەنە، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مەسىلىسىنىمۇ ئويلاپ يۈرگەن ئىدى. ھىتلېر تېخى يېقىندىلا “بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىزگە دۈشمەن بولىۋاتقان كۈچ ئىتالىيە ياكى باشقا يەردە ئەمەس بەلكى رېيىن دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا بىزگە خىرىس قىلىپ تۇرماقتا” دەپ ئېيتقان ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە، يەھۇدىيلارنىڭ ئىنتېرناتسيونالىزمىغا قارشى تۇنجى قېتىم ھۇجۇم قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى روزېنبېرگ بىلەن «خىتاپنامە» دىن ئىلھاملىنىپ شەكىللەنگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ھىتلېر، يەھۇدىيلار بىلەن ئىنتېرناتسيونالىزمنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ قارايتتى. فرانسىيىگە قارشى ئىتالىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇش يولىنى تاللىۋالغان ئىدى؛105 گەرچە بۇ قاراشلىرى ھىتلېرنىڭ دەسلەپكى قاراشلىرى ھېسابلانسىمۇ، مەنتىقىلىق ھەمدە ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان دېپلوماتىك سىياسەت تىكلەش ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى سەرىپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. ھىتلېرنىڭ ئوق-دورا تۈتۈنلىرى بىلەن قاپلانغان جەڭ مەيدانلىرىدىن ئېلىپ كەلگىنى ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەردە ئەزەلدىن بار چۈشەنچىلەر بىلەن بىر تەرەپلىمە قاراشلار ئىدى؛ كىشىلەرگە بىر مۇنچە ئېغىر جاراھەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن قىزىللار ئىنقىلابىدىن چىقارغان خۇلاسىسى بولسا، پۇخرالاردا ئەزەلدىن بار بولغان چۈشەنچىلەر ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلار ئىدى. مانا ئەندى، ئۇ ئۆزىنىڭ يوقۇرقىدەك چۈشەنچىلىرىنى رەتكە سېلىپ سىستىمىلاشتۇرماقتا ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم غايىسىغا ئايلىنىۋاتقان، ۋيېننادىكى جاپا-مۇشەققەتلىك ئۆتكەن كۈنلىرىدە جان تالىشىش جەريانىدا ئادەتتە ئىچىدە ساقلاپ كەلگەن يەھۇدىيلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدا ئەزەلدىن بار نەرسىلەر ئەمەس ئىدى. ئادولف ھىتلېر، ئەمىلى سىياسىي ساھەلەر بويىچە قەدىمىنى تېزلىتىشكە كىرىشىپ، ئاساسەن قۇرۇق قول دېگىدەك پارتىيىنىڭ ئاساسىنى كېڭەيتىتىشكە كىرىشىدۇ. يەنى، بۇ پارتىيە بۈگۈن “مىللى سوتسيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى، يەنى National Sozialistische Deutsche Arbeiter Partei  — NSDAP” دېگەن نام بىلەن ئاتالماقتا ئىدى (تەرجىمىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا “دۆلەت سوتسىيالىزمى گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى” مەنىسىدە 国家社会主义德国工人党 دەپ تەرجىمە قىلىناتتى. بۇ تەرجىمىدە ئۆز سىياسىي قارىشى بويىچە، ھەر قانداق دۆلەت، پەقەت بىرلا مىللەتكە تەۋە بولىدىغانلىقى، شۇڭا دۆلەت ئۇقۇمى پەقەت شۇ دۆلەتنىڭ غوجايىنى بولغان مىللەتنىلا ئىپادىلەپ، كۆپ مىللەتلىك تەڭ-باراۋەر ئومۇم خەلق دۆلىتى ئۇقۇمىنى قوبۇل قىلمايدىغان مىللەت سۆزى بىلەن تەڭ مەنىدىكى دۆلەت ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەچكە، بۇ يەردىمۇ مىللەت ئورنىغا دۆلەت ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت تەركىۋىنى شەكىللەندۈرىدىغان خەلق ئاتالغۇسىنىڭمۇ مىللەت ئۇقۇمى يوق. ئۇنىڭ ئورنىغا خانزادىلارنىڭ، دۆلەتنىڭ قۇللىرى مەنىسىدىكى خەلق ئاتالغۇسى — قىسقارتىلما مەنىداش ئاتالغۇسى ’دۆلەت‘ ئۇقۇمىلا بار. ئەمما «كۈرەش يولۇم» نىڭ قايسى بىر تور تەرجىمىسىدە بۇ ئىسىمدىكى “دۆلەت” ئاتالغۇسى ھەيران قالارلىق شەكىلدە ئەسلى مەنىسى بويىچە “مىللىي” دەپ 民族社会主义德国工人党 شەكلىدە نىسبەتەن توغرا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ يەردە، ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەردە مۇقىملىشىپ قالغان “دۆلەت سوتسىيالىزم گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى” دەپ ئېلىش ئورنىغا “مىللىي سوتسىيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى” دەپ ئېلىشنى توغرا تاپتىم. بۇ يەردە يەنە “مىللىي” سۆزى ’مىللەتچى‘ ئۇقۇمىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ دەپ قارايمەن. شۇڭا، “مىللەتچى سوتسىيالىزمنى غايە قىلغان نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى” دەپ چۈشىنىش كېرەك. مىللەتچى سۆزىمۇ ئىجابى مەنىدە قوللىنىلىشى مۇمكىن بولغان كىشىنى قورقۇتۇش ئورنىغا ھەممىنى قىزىقتۇرۇش ئېھتىمالى بولغان بىر ئاتالغۇ — ئۇ. ت). ھىتلېر بۇ ئىسىم ئارقىلىق نېمىس خەلقىنى رىغبەتلەندۈرۈش، قورقۇنچاقلارنى قورقۇتۇش، مىللىي غايىسى ئۈچۈن قان تۆككەن نېمىسلارنى جەلىپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
خۇددى شۇ مەقسەتتە، ھىتلېر پارتىيە بايرىقىنىمۇ كومپارتىيىنىڭ قىزىل رەڭلىك بايرىقى بىلەن تەڭ تۇرالىشى كېرەك دەپ چىڭ تۇرۇپ، “بىزنىڭ بايرىقىمىز كوممۇنىستلارنىڭ بايرىقىدىنمۇ بەكرەك قىزىل بولىشى كېرەك” دەيدۇ. درېكسلېر بۇ ھەقتە ھىتلېرنىڭ دېگىنىنى ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ بايرىقىمىزنىڭ قىزىل رەڭگى قىزىللارنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىشى، ئەمما ئۇلاردىن ئېنىق پەرقلىنىپ تۇرىشى كېرەك، دېگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ستارنبېرگلىق بىر چىش دوختۇرى يۇرتىدا پارتىيە شۆبىسى قۇرۇلغاندا ئىشلەتكەن كرىست بەلگىلىك بىر بايراقنى ئىۋەرتكەن. بۇ بايراقنىڭ رەڭگى قارا-ئاق-قىزىل ئۈچ خىل رەڭدە ئىدى. بايراقتىكى تەتۈر چىشلىق كرىست بەلگىسى، يەنى سانسكرىت يېزىقىدا “ئۇچۇق-ئاشكارە” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ بەلگە، ئۇزۇن مەزگىل تېۋتون رىتسارلىرىنىڭ بەلگىسى بولۇپ كەلگەن، لانز ۋون ليېبېنفېلس، “تۇلې جەمئىيىتى”، “ئەركىن كورپۇس” قاتارىدىكى خېلى كۆپ ئورگانلارمۇ ئىشلەتكەن بىر بەلگە ئىدى. ئەسىرلەر مابەينىدە بۇ بەلگە ياۋروپانىڭ خاراكتېرلىق بەلگىسى بولۇش بىلەنلا قالماي، شىمالى ئامېرىكىنىڭ بەزى قەبىلىلىرىدە قۇياش ياكى ئاخىرزامان بەلگىسى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلگەن. بۇ بەلگە، شۇنىڭدىن كېيىن، بەلكىم مەڭگۈلۈك گۇناھنى بىلدۈرىدىغان بىر سىموۋۇل ھالىغا كېلىدۇ.

3
كاپ قوزغىلىڭى، شۇنىڭدەك گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىدا قۇرۇلغان كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتى تارمار قىلىنغاندىن كېيىن سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قاتتىق تەۋرىتىۋېتىدۇ. ئېبېرت بىلەن “سوتسىيالىزمچىلار كۆپسانلىقى” ئاغمىچىلىق مەيدانى بويىچە “ئەركىن كورپۇس” دىن پايدىلىنىپ رۇر رايونىدىكى ئىشچىلارغا قارشى چىقىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار بىلەن سولچىل “مۇستەقىل سوتسىيالىزمچىلار” ئوتتۇرسىدىكى ھاڭمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. بۇلار 1920-يىلى باش باھاردا، ئاسىيلار، يەنى ئۆز ئىچىدە يەنە كوممۇنىست يېقىنلىرى ۋە كوممۇنىست دۈشمەنلىرى دەپ ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ كۈچلىرى بىر-بىرسىگە تەڭ دېگىدەك ئىدى، ئۇلار “مۇستەقىل سوتسىيالىزمچىلار پارتىيىسى” نىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى، بۇ پارتىيىنىڭ ئۈچىنچى ئىنتېرناتسيونال بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەش ئۈچۈن خاللېيدا بەش كۈنلۈك قۇرۇلتاي چاقىرىدۇ. يىغىندا سۆزگە چىققانلاردىن موسكۋادىن كەلگەن ئۈچىنچى ئىنتېرناتسيونالنىڭ باشلىقى گرېگورى زىنوۋىيېۋ كىشىلەرنى ئۆزىگە بەكلا جەلىپ قىلىۋالىدۇ. سوۋېتلەرنىڭ ئۇنى بۇ يىغىنغا قاتناشتۇرۇشتىكى مەقسەت، 9 يۈز مىڭ كىشىگە يېقىن گېرمانىيە سوتسىيالىزمچىلىرىنى رادىكال سولچىلار تەرىپىگە تارتىپ كېلىش ئىدى. زىنوۋىيېۋ بىر قانچە سائەتلىك نۇتقى جەريانىدا “نېمىسچىنى بۇزۇپ كېكەچلەپ سۆزلىشىگە قارىماي، ئۇنىڭ بۇ نېمىسچە نۇتقى يەنىلا كۈچلۈك تەسىر قوزغىيالىدى.” ئۇنىڭ نۇتقى كوممۇنىست يېقىنلىرى تەرىپىدىنمۇ قىزغىن ئالقىشلاندى.
كەينىدىنلا ئوڭچىل-سولچىل ئىككى قانات كىشىلەر شىددەتلىك مۇنازىرىگە چۈشىدۇ.106 بەزى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ مۇنازىرىدە ئوڭچىللىققا مايىل گۇرۇھتىكىلەرنىڭ كۆرسەتكەن دەلىللىرى ئۈستۈلۈكتە ئىدى. ئەمما دۇنيا ئىنقىلابى ھەققىدىكى كۆزقاراشلارمۇ كىشىلەرنى ھاياجانغا سېلىپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىدەك كۈچىمۇ يوق ئىدى. يىغىندا، 237 ئاۋاز بىلەن لېنىننىڭ شەرتلىرى بويىچە تەشكىل قىلىنغان ئۈچىنچى ئىنتېرناتسيونالغا قاتنىشىش ماقۇللىنىدۇ. بۇنىڭغا قارشى ئاۋاز سانى 156 ئاۋاز بىلەن چەكلىنىپ قالغاچقا، ئاۋازغا قويۇش ئىشى تاماملانغاندىن كېيىن ئۇلار بىرلىكتە يىغىننى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ. چىقىپ كەتمىگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كوممۇنىستلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
بۇ ۋەكىللەردىن بىرسى چۆچۈپ سەگەپ تىڭىرقىغان ھالدا خاللېيدىن ئايرىلغان. بۇ كىشى ئوتتو ستراسسېر دېگەن كىشى ئىدى. بۇ ئادەم زىنوۋىيېۋنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغانسىرى پەقەتلا خاتىرجەم بولالماي قالغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: “مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ گويا يېڭى بىر دۇنيانى قۇتۇلدۇرۇش تەلىماتىنى ئاڭلىغاندەك، يەنى موسكۋا گېرمانىيىگە ھۆكمۈرانلىق قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.” ئوتتو ستراسسېر، ئاكىسى گرېگور بىلەن بىرگە ئۇزۇندىن بۇيان سوتسىيالىزم خامخىيالىنى قىلىپ يۈرگەن ئىدى. ئۇ ئىككىسى قەتئىي تۈردە شىددەتلىك ئىسلاھات ئۈچۈن تەييار تۇرىدىغان كىشىلەر بولسىمۇ، بۇنداق بىر ئىسلاھات چەتئەل تەسىرىگە قەتئىي ئۇچرىمايدىغان بىر ئىسلاھات بولىشىنى، يەنى ئۇلار گېرمانىيىگە خاس سوتسىيالىزم قۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. بۇ جەھەتتە، ئوتتو پەقەت ئىنقىلابىي تۈس ئالغان “مۇستەقىل سوتسىيالىزمچىلار پارتىيىسى” ئەزالىرى ئىچىدىنلا بۇنداق بىرسىنى تاپقىلى بولىدۇ دەپ قارايتتى.
ئوتتو، خاللېي يىغىنىدىن كېيىن پارتىيىسىز بىرسىگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلى پەقەتلا ئارامىدا بولمىغاچقا، لاندشۇتقا بېرىپ ئاكىسى گرېگور بىلەن بۇ ھەقتە مەسلىھەتلىشىش نىيىتىگە كېلىدۇ. گرېگور ئۇ يەردە “ئەركىن كورپۇس” شەكلىدە پىيادە ئەسكەرلەر، توپچىلار ئەترىتى، پىلىموتچىلار روتىلىرى بار شەخسى قوشۇنغا ئىگە ئىدى. ئۇ، “بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ ئېغىر خەۋىپ رۇسىيىدىن كېلىدۇ؛ ئەمما ھېچ بىر پارتىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈردە رۇسىيە تەسىرىگە قارشى تۇرالماي كەلمەكتە” دەپ قارايتتى. “قۇرۇق گەپ يورغۇلىتىشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق، — دەيدۇ گرېگور، — چوقۇم ئەمەلى ھەرىكەت بولىشى كېرەك.” بۇ مەسىلىنى دەرھال مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىغا بەكلا مۇھىم ئىككى مېھمان كېلىدۇ.
ئوتتۇ ستراسسېرنىڭ دېيىشىچە، ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن چوڭ بىر ئاپتوۋۇز ئاكىسى گرېگور ستراسسېرنىڭ ئاپتىكىسى ئالدىغا كېلىپ توختىغان. ئاپتوۋۇزدىن ئىككى ئەر كىشى چۈشكەن بولۇپ، ئوتتو ئۇلاردىن ئالدىدا ماڭغان بىرسىنى تونىۋالىدۇ: بۇ كىشى مىللەتچىلەر قەلبىدە قەھرىمان ھېسابلانغان گېنېرال لۇدېندورف دېگەن كىشى ئىدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغان كىشى تاتىراڭغۇ چىراي، بەكلا قۇيۇق تار بۇرۇت قويىۋالغان بىر يىگىت بولۇپ، ئۇچىسىغا پەقەتلا ياراشمىغان كۆك پەلتو كىيىۋالغاچقا، خۇددى “باتالىيون كوماندىرىنىڭ ئالاقىچىسى” غىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئۇ كىشى دەل ھىتلېر ئىدى. “بىز چوقۇم بارلىق مىللەتچىلەرنىڭ تەشكىلاتلىرىنى بىر نوقتىغا يىغىپ بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك” دەيدۇ گېنېرال لۇدېندورف. ئۇ يەنە، سىياسىي تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا ھىتلېر ئەپەندى مەسئۇل؛ بۇ مىللەتچى تەشكىلاتلارنىڭ ھەربى ھوقۇقىغا بولسا لۇدېندورفنىڭ ئۆزى مەسئۇل؛ گرېگور بىلەن ئۇنىڭ ھۇجۇمچىلار ئەترىتى “مېنىڭ قۇماندانلىقىمغا بوي سۇنىشى، شۇنىڭدەك ھىتلېر ئەپەندىنىڭ پارتىيىسىگە ئەزا بولىشى” كېرەك دەپ تەلەپ قىلىدۇ.
ھىتلېر، گرېگورنى مەملىكەتلىك بىرىنچى رايونىنىڭ پارتىكوم رەھبىرى بولىشىغا قوشۇلىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك تۆۋەنكى باۋارىيىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئوتتو ھىتلېرغا قىلچە پەرۋا قىلمايدۇ. بۇ چاغدا ئوتتو گەپ ئارىلاپ، مىللىي سوتسىيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسى زادى نېمە دەپ سورايدۇ. “مەسىلىنىڭ تۈگۈنى پروگراممىنىڭ قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىدا ئەمەس. — دەيدۇ ھىتلېر، — مۇھىم بولغىنى ھوقۇق.” ئوتتو بۇ گەپكە رەددىيە بېرىپ، ھوقۇق-پروگراممىنى ئىجرا قىلىشنىڭ بىر ۋاستىسىدىنلا ئىبارەت، دەيدۇ. “بۇ دېگەنلىرىڭ پۈتۈنلەي زىيالىيلارچە قاراش. — دەيدۇ ھىتلېر قىسقىچىلا، — بىز ھوقۇققا مۇھتاجمىز!” روشەنكى، ھىتلېر ئوتتونى پەقەتلا ياراتمايدۇ. كەينىدىنلا ئوتتونى قىزىللارنىڭ تەرىپىنى ئالغان كاپ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئادەم ئىكەنسەن دەپ تەنقىتلەيدۇ.
بۇ گەپكە ئوتتو دەرھال رەددىيە بېرىدۇ: ئۇ ئۆزىنى بىر مىللىي سوتسىيالىزمچى دەپ ھېسابلاپ تۇرۇپ يەنە قانداقسىغا كاپقا ئوخشاش ئەكسىيەتچى بىرسىنى ھىمايە قىلىشى مۇمكىن؟ مەنمۇ خۇددى ھىتلېرنىڭ مىيونخېندا سوۋېت ھۈكۈمرانلىقىغا قارشى چىقىش پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللانغىنىدەك بىر سوتسىيالىزمچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بېرلىندا كۈرەش قىلدىم. بىز ئىككىمىزلا تۇتقان يولىمىزنى توغرا دەپ قارىماقتىمىز، ئەمما مېنىڭ تۇتقان يولۇم ھەقىقى توغرا يول، دەيدۇ.107
بۇ چاغدا لۇدېندورف ئارىغا كىرىپ مۇنداق دەيدۇ: “مىللەتچى مۇخالىپلارنىڭ تۇتقان سىياسىتى ھەرگىزمۇ كوممۇنىزم سىياسىتى بولماسلىقى كېرەك. خۇددى شۇنىڭدەك كاپىتالىزم سىياسىتى بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.” ئۇ، قۇراللىق قىسىملارنى نازارەت قىلىش ئىشىنىڭ پۈتۈن ئىشچى ۋە كاپىتالىستلاردىنمۇ ئارتۇق ئاۋارە قىلىدىغان قىيىن ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ كىشىنى چۈچىتكىدەك بۇ گەپلىرى سۆھبەت مۇھىتىنى پۈتۈنلەي يۇمشىتىۋەتكەچكە، بۇ ئۇچۇرۇشۇشمۇ دوستانە مۇھىت ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ. شۇنداقتىمۇ، گرېگور كەسكىن بىر نېمە دېگىلى ئۇنىماي ئويلىشىپ بىر نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇ كۈنى ئاخشىمى، گرېگور ئىنىسىگە، ھىتلېرنى بەك تونۇپ كەتمىگىنىگە قارىماي يەنىلا لۇدېندورف ۋە ھىتلېر ئىككىسى بىلەن بىرلىشىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ: “مېنىڭچە گېنېرالىمىز ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق تۈردە پايدىلىنىشنى بىلىدۇ. بۇ ئىشتا مەن لۇدېندورفتىن خاتىرجەم بولالايمەن.”
ھىتلېرنىڭ ئوتتو ستراسسېرغا پارتىيە پروگراممىسىنى ئاشىكارىلاشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەب، بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا تىگىشلىك بىرەر نەرسە يوقلىقى ياكى ئېغىز ئېچىشتىن قىينالغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ھەددىدىن ئارتۇق جاھىللىقى، شۇنىڭدەك يەنە بۇرۇن كاپقا قارشى چىققان بىر “ۋەتەن خائىنى” بىلەن بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىشنى خالىمىغانلىقىدىن ئىدى. مۇھىمى، ھىتلېرنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ مەقسىدى گرېگور بىلەن ئۇنىڭ تەشكىللەپ چىققان ئارمىيىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىلا مەقسەت قىلىش ئىدى. ھىتلېر ئۇلار بىلەن خوشلىشىۋاتقىنىدا بۇ ئىككىسى چوقۇم بىر كۈنى ئۇنىڭ سېپىغا كېلىپ قوشۇلغىدەك دەپ ھېس قىلىدۇ. گرېگور ستراسسېر بىلەن ھىتلېر ئوخشاش تىپتىكى ئادەملەردىن ئىدى: ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ باققان تۆۋەن دەرىجىلىك بۇ ئوفىتسېرمۇ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش بىرىنچى دەرىجىلىك تۆمۈر كرىست مېدالىغا ئېرىشكەن بىرى ئىدى. روشەنكى، ئۇمۇ ئەقىدىلىك، قىزغىن مىللەتچى، ھەم ماركسىزمغا ھەم كاپىتالىزمغا قارشى بىرى ئىدى، شۇنىڭدەك يەنە، يەھۇدىيلار مەسىلىسى ئۇلار ئىككىسىنىڭلا ئىدىيىۋىي ئومۇرتقىسى ۋە مېڭىسى ھالىغا كېلىپ بولغانلىقىنىمۇ سېزىدۇ.
ھىتلېر تايىنى يوق بىر پارتىيە ھېساپلانغان بەكلا كىچىك گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغىنىدىن بېرى گرېگور ستراسسېردەك بىرىنى پارتىيىگە تارتالىغانلىقى، ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىدىن پەقەت بىرسىلا ھېسابلىناتتى. ھىتلېر، بىر يىلغا قالماي بۇ پارتىيىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋېتىپلا قالماي، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىنىمۇ 3 مىڭ كىشىگە يەتكۈزىدۇ. ئادولف ھىتلېر، پۈتۈن ۋاقتىنى نېمىس مىللى سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسىگە بېغىشلىغان ئىدى. ئۇ ھەممە يەردە نۇتۇق سۆزلەپ يۈرۈپ ئۆزىنىڭ ۋە پارتىيىسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىۋېتىدۇ. ئۇ ئاساسىي نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولۇپ 80 قېتىمدەك مىتىنگتە نۇتۇق سۆزلەيدۇ؛ كاپ قوزغىلىڭى مەزگىلىدە ئېكارت بىلەن بىرگە بېرلىنگە بارىدۇ، مىللى سوتسىيالىزمچىلارنىڭ سالزبۇرگدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. يىغىن سەھنىلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپىقىيەتلەر ھەرگىزمۇ ھىتلېرنى مەغرۇرلاندۇرۇپ ئازدۇرالمايدۇ. ئەسلىدە ئۇ، تۇرىۋاتقان ئۆيىدە تىنماي ئالدى-كەينىگە مېڭىپ، دائىم دېگىدەك مۇھاپىزەتچىسى ئۇلرىك گراف (بۇ كىشى بۇرۇن بىر قاسساپ ئىدى) قا ئۆزىنىڭ قابىلىيەتسىزلىكى ئۈستىدە قايناپ، “ئۆزەمنىڭ بىلگەنلىرىمنى چىقىپ خەلقىمگە ئۇختىرالمايۋاتىمەن. ئۆزەمنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى خەلقىمگە دەپ بېرەلمەيۋاتىمەن. مەن نېمىشكە نۇتۇق سۆزلەشنى بىلمەيدىغان بىرسى بولۇپ قالغاندىمەن! بىر ناتىق بولالىسامچۇ كاشكى!” دەپ قايناپ كېتەتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش ئۇسلۇبى بىلەن ئاممىۋى يىغىنلاردا خەلقنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇسۇلىدىن رازى بولمىغاچقا، بۇ ئىككى قابىلىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن رەقىپلىرىنىڭ ئاممىۋى يىغىنلىرىغا بېرىپ قاتنىشىپ، ئۇ يەرلەردە ئاساسى ناتىقنىڭ نۇتۇق سۆزلەش ۋاقتىدا “ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبى خۇددى مۇكەممەل يېزىلغان گېزىت-ژۇرناللاردىكى چاتما ماقالىلار ۋە ئىلمىي ماقالىلاردەك رەتلىك ئىكەنلىكىنى، ھاياجانلىق سۆزلەر يوقلىقىنى، ھەتتا بەزىدە بىر قىسىم قاملاشمىغان چاخچاقلارنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى” سېزىدۇ. شۇ ئارقىلىق بۇنداق ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئاممىۋى يىغىنلاردا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ ئۆگىنىۋالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ نۇتۇق تىزىسىنى تېخىمۇ جانلىق ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە ھالغا كەلتۈرىدۇ. مۇھىتىنىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن يېقىملىق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش بىلەن بىرگە، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا پىۋا، قېيزا قاتارلىق نەرسىلەرنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا بىكارغا تارقىتىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە پارتىيە مەبلىغى يېتەرلىك بولۇپ بەرگىدەكلا بولىدىكەن، ئاكاردىيون چېلىپ خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ خەلقنى قىزىقتۇرۇپ ماڭىدۇ. ئاندىن خەلق رەسمى قىزىپ جانلانغان پەيتتە ھىتلېر مۇزىكا-مارشلار، يەلپۈنۈپ تۇرغان كرىست بەلگىلىك بايراقلار بىلەن بىرگە يىغىن زالىغا كىرىدۇ. كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھىتلېر نۇتقىنى باشلاش ۋاقتىدا ئىنتايىن خاتىرجەم، ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالدا گېپىنى باشلايدۇ. ئاندىن خۇددى بىر ئارتىسقا ئوخشاش خەلق ئاممىسىنىڭ ھېسسىياتىنى كۈزەتكىنىچە،108 ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ نۇتقىنىڭ رېتىمى بىلەن مەزمونىنى تەڭشەپ يىغىن مەيدانىدا كۈچلۈك ھاياجان پەيدا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىنلىقىنى پەقەتلا باستۇرغۇلى بولمايدىغان يوقۇرى پەللىگە كۆتۈرىۋىتىدۇ.
ئاممىۋى يىغىلىشلاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ تۈر ئۇتۇقلاردىن ھىتلېر يەنىلا رازى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭغا بۇنىڭدىنمۇ كەڭىرى بىر مۇنازىرە سەھنىسى، يەنى ئۆزىگە تەۋە بىر گېزىتىمۇ بولىشى كېرەك ئىدى. بۇرۇنقى «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» دېگەن گېزىت تۆھمەت چاپلاپ قارىلاشلار بەكلا كۆپلىكى سەۋەبىدىن تاقىلىپ قېلىش گىرداۋىغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئەنە شۇنداق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بۇ گېزىت، دەل ھىتلېرنىڭ كۆز تىكىپ يۈرگەن گېزىتلاردىن بىرى ئىدى. شۇنىڭدەك بۇ گېزىتنىڭ مالىيە كىرىزىسكە پېتىپ قېلىشىمۇ ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى كۈتىۋاتقىنى ئىدى. 17-دېكابىر تۈن يېرىمىدىن ئاشقان، يەنى سائەت ئىككىدە، ھىتلېر تۇيۇقسىزلا ئېكارتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قاتتىق ھاياجان ئىچىدە ئۇنىڭغا بۇ گېزىت بەكلا كۆپ قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ گېزىت قەتئىي تۈردە قولدىن چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، ئەمما بۇ گېزىتكە كۆز تىكىپ يۈرگەن بىر بۆلگۈنچى تەشكىلات سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ پروگراممىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرۇش غەرىزىدە يۈرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ گېزىتنى، يەنى «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» نى دەرھال ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ سېتىۋېلىشى لازىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ گېزىت ئۈچۈن بەكلا ئەرزان باھا قويۇلغان، يەنى 180 مىڭ ماركلا باھا قويۇلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھىتلېر، بۇنچىلىك پۇلنى ئېكارت باي دوستلىرى ئارىسىدىن چوقۇم يىغالايدۇ دەپ ئىشىنەتتى.
ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 8 دە درېكسلېر، ئېكارتنىڭ ئىشىكىدە پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتلار درېكسلېردەك بىر تۇرمۇش ئادىتى بولغان بىرسى ئۈچۈن پۇل مەسىلىسى ھەقىقەتەنمۇ قىيىن، تىلغا ئېلىشىمۇ تەس بىر ئىش ئىدى. درېكسلېر بۇ ھەقتە ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: “دەسلىۋىدە ئۇ رەنجىپ ۋارقىراپ چىچاڭشىپ كېتىدۇ. كېيىن ئىككىمىز بىرلىكتە يولغا چۈشتۇق.” چۈشكە يېقىن ئۇ ئىككىسى گېنېرال ۋون ئېپنىڭ ئالدىغا بارىدۇ (بۇ گېنېرالنىڭ “ئەركىن پولك” قىسىملىرى 1919-يىلى ميۇنخېندىكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ياردەم قىلغان ئىدى). ئۇ ئىككىسى ئۇنىڭدىن 60 مىڭ مارك ئىئانە ئالىدۇ. قالغان ئىئانىچىلاردىن (يەھۇدىي دۈشمىنى بولغان بىر دوختۇرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) 30 مىڭ مارك ئىئانە توپلايدۇ. درېكسلېر ئۆزىلا بۇ گېزىتنىڭ يۈز مىڭ ماركتىن ئارتۇق قەرزىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە، «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتخانىسىنى سېتىۋېلىش رەسمىيەتلىرى پۈتكۈزۈلىدۇ. بۇ چاغدا ھىتلېر، مىللى سوتسىيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسىدىكىلەرگە ئاساسلىقى غەلىتە مىجەزلىك بىر يازغۇچىغا ھەمدە قۇرال-سايمان ئىشلەپچىقىرىش كاپىتالىستىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ كېيىنكى يوللارنىڭ تەييارلىقلىرىنى كۆرۈپ قويىدۇ.

4
ئارىدىن بىرەر ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندە، يەنى 1921-يىلى 22-يانۋار كۈنى نېمىس مىللى سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسى ميۇنخېندا بىرىنچى قېتىملىق يىللىق قۇرۇلتىيىنى چاقىرىدۇ. بىر يىلدىن ئارتۇقىراق ۋاقىت جەريانىدا باۋارىيە ئوڭچىل سىياسىي كۈچلەر ئارىسىدا بۇ پارتىيە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر سىياسىي كۈچ ھالىغا كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى، ھىتلېرنىڭ كىشىلەرنى ماگنېتتەك ئۆزىگە جەلىپ قىلىش خاراكتىرى ۋە زېھنگە ئىگە بىرى بولغانلىقىدىن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ھىتلېرنىڭ نۇتۇق ئارقىلىق بۇرۇنقى قۇرۇق پاراڭدىن باشقا قولىدىن تۈزۈك ئىش كەلمەيدىغان بىر تەشكىلاتنى ھەرىكەتكە يېتەكلەش قابىلىيىتىدىن كەلمەكتە ئىدى. درېكسلېرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيىنىڭ كۆپ قىسىم قۇرغۇچىلىرى پارتىيىسىنىڭ بۇ تۈردىكى ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ. گەرچە ئۇلار ھىتلېرنىڭ ئىنتايىن پاسسىپ بىر تەشكىلاتنى جانلاندۇرۇپ بۇنچە ئاكتىپ پائالىيەت قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈرىۋەتكەنلىكىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن بولسىمۇ، بۇنداق جانلىنىشنىڭ ھاجىتى بار-يوقلىقى ھەققىدىمۇ ئويلانماي تۇرالمايتتى. يەنى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ھىتلېر پارتىيە ئىچىدە ھۈكۈمىران ئورنغا ئېرىشىپ ئەتىراپىدىكى كىشىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ خىل ھىمايىچىلەرنى پارتىيىگە ئەزا قىلغانلىقى — كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، رۆم، ستراسسېر ئاكا-ئۇكىلار، روزېنبېرگ قاتارلىق كىشىلەرنى پارتىيىگە ئېلىپ كىرگەنلىكى زورلۇق كۈچىدىن پايدىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ھىتلېرنىڭ بىر مۇنچە شەخسى تونۇشلىرى ۋە بىر يولدىكى بەزى كىشىلەر پارتىيىگە ئېلىپ كىرىلگەن بۇ تۈردىكى كونا ئەسكەرلەردىن بەكلا زىرىككەن ئىدى. ئۇلار، ھىتلېرنىڭ بۇ ئادەملىرىدە بوخېمىيىلىك يۇرتۋازلىق خاراكتېر بەكلا ئېغىر دەپ قارىشاتتى. شۇنىڭدەك يەنە قايسى بىر ھەقىقى سوتسىيالىزمچى، بانكىر ۋە فابرىكاتورلار بىلەن، ھەمدە بېچستېيىنغا ئوخشاش سوتسىيالىزمچىلار بىلەن بۇنچىۋالا زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىپ باققان؟ دەپ ئەنسىرىشەتتى.
سىرتقى كۆرۈنۈشىدە، بىرىنچى قېتىملىق يىللىق قۇرۇلتايدا ھىتلېر توپىلاڭ چىقىرىپ ئاشكارە ھوقۇق تارتىۋېلىش ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغاندەكلا تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى. يەنى ئۇنىڭ قۇرۇق قول ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئارزۇسى ھەقىقەتەنمۇ مەنتىقىلىقتەك كۆرۈنەتتى.109 چۇنكى ئاران 411 نەپەر ۋەكىللا ميۇنخېنغا يۈرۈش قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھىتلېر يەنىلا ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىزغىنلىقىنى بېسىپ كەلمەكتە ئىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، سىياسەت ۋە ئۇسۇلغا دائىر مەسىلىلەردىكى بارغانسىرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقان پىكىر ئىختىلاۋىنى ئادەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ئۇنچە بەك چۈشىنىپمۇ كەتمەيتتى. شۇنداق بولغاچقا، كۆرۈنۈشتە قۇرۇلتاي ئىنتايىن ئىتتىپاقلاشقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىچكى ئەھۋاللاردىن خەۋىرى بار كىشىلەر قۇرۇلتايدا كۆرۈنۈشتە دوستانە مۇزاكىرە قىلغاندەك كۆرۈنۈپ ئاستىرىتىن قاتتىق كۈرەش كېتىپ بارغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. شۇنداق بولغاچقا، كۆپچىلىك بىرلىككە كېلىپ  12 كۈندىن كېيىن ھىتلېرنى زىركۇس كروندا مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تەييارلىنىدۇ.
شۇ يىلى قىشتا خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا ناچارلىشىپ كېتىدۇ. گېرمانىيە تەۋەسى بويىچە ئاشلىق بۇلاش ۋەقەلىرى پات-پاتلا كۆرۈلۈپ تۇراتتى. پارىژدىكى “ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئالى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى” گېرمانىيىدىن زور مىقداردا ئۇرۇش چىقىمى تۆلىتىشى جەمئىيەت قالايماقانچىلىقىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدۇ. يەنى شۇ چاغلاردا ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا كېلىپ قالغان گېرمانىيە 134 مىليارد مارك ئۇرۇش چىقىمى تۆلەشكە مەجبۇرلانماقتا ئىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر زىمىستان سوغۇقتا ئاچقۇرساق تىتىرەپ يۈرىشەتتى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىشچىلارنىڭ بىر يىللىق مائاشى ئارانلا قۇرساق تويغۇزۇشقا يېتىدىكەن؛ ھەتتا ھاللىق سىنىپلارمۇ قىيىن كۈنلەردە قالغان.
خەلق ئاممىسىنىڭ غەزىۋى چېكىگە يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەر قايسى ئاساسلىق پارتىيىلەر كۆنىگسىتراس مەيدانىدا بىرلەشمە نارازىلىق مىتىنگى ئۆتكۈزسەكمۇ-قانداق دەپ مۇزاكىرە قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئەمما ئۇلار  بۇ تۈر نارازىلىق ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ قىزىللارنىڭ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ پارچىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ ھەرىكەتنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرىشىدۇ. 1-غېنىۋاردا ھىتلېر ئۇلاردىن ئاخىرقى قارارغا كېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەرىكەت كومىتېتى يېتەرلىك تەشكىللىنىپ بولمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە چوقۇم چوڭ يىغىن ئاچىمىز دەپ جاۋاب بېرىدۇ. “بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەۋرىم تاشتى. شۇنداق قىلىپ ئۆز ئالدىمىزغا نارازىلىق مىتىنگ ئۆتكۈزۈشكە قارار قىلدۇق” دەيدۇ ھىتلېر. شۇ كۈنى چۈشتە، ھىتلېر زىركۇس كرون سىرىك تىياتىر زالىدا ئەتىسى ئاخشىمى مىتىنگ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتىشىدۇ. بۇ تىياتىر سارىيىنىڭ مودىرى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۇ كىشى ھىتلېردىن بەكلا تۈۋەن ھەق ئالغان، ھەتتا پەقەتلا پۇل ئالمىغانمىش. ئاندىن ھىتلېر پۈتۈنلەي داۋراڭلار بىلەن تولغان ئېلان مەزمونىنى ئېغىزچە ئېيتىپ بېرىدۇ. نۇرغۇنلىغان سادىق پارتىيە ئەزالىرى بۇنداق بىر ئېلان سۆزىدىن قاتتىق يىرگىنىپ كېتىدۇ. ئېلاندا بۇ سىرىك تىياتىرخانىسىغا 6 مىڭدىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغانلىقى، ۋاقىت بەكلا ئاز قالغاچقا مىتىنگكە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئادەم چاقىرالىشىمىز ئىمكانسىز دەپ يېزىلغان ئىدى.
يىغىن ئۇقتۇرۇشى پەيشەنبە چۈشتىن بۇرۇن ئاران تەييار قىلىنىپ كوچىلارغا چاپلىنىدۇ. ئۇ كۈنى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋالغا قاراپ ھىتلېرمۇ غەمگە پېتىپ، تەشۋىقات ۋارىقىنىڭ مەزمۇنىنى دۇدۇقلاپ يۈرۈپ ئارانلا ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. ئاندىن بۇ تېزىس بويىچە باستۇرۇپ كېلىشكە بىرسىنى يولغا سالىدۇ. چۈشتىن كېيىن، ئۇلار كىرالىغان ئىككى يۈك ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، مەشئەل-پانۇسلارنى، كرىست بەلگىلىك بايراقلارنى كۆتۈرۈشۈپ شەھەر ئىچىدىن نامايىش قىلىپ ئۆتىدۇ. ھەر ماشىنىدا ئون نەچچە پارتىيە ئەزاسى ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇلار بىر تەرەپتىن شۇئار توۋلىغاچ تەشۋىق ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ ماڭىدۇ. ميۇنخېن كوچىلىرىدا كوممۇنىست بولمىغانلارنىڭ ئالا-چىپار رەڭلىك تەشۋىقات ماشىنىسىنىڭ كۆرۈلۈشى تۇنجى قېتىملىق ئەھۋال ئىدى. ئىشچىلار ئاھالە رايونىنىڭ بەزىلىرىدە ئۇلارنى مۇش تەڭلىشىپ غەزەپ بىلەن ھاقارەتلەپ ۋارقىرىشىپ كۈتىۋالىدۇ.
ئاخشىمى سائەت يەتتە ئەتراپىدا، ھىتلېر زىركۇس كروندىن بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان تېلېفون ئالىدۇ: زالدا يىغىلغان ئادەم بەكلا ئاز ئىدى. ئارىدىن ئون مىنۇت ۋاقىت ئۆتكەندە ئەھۋال سەل ياخشىلىنىدۇ. سائەت سەككىزگە چارەك قالغاندا يىغىنغا كەلگەنلەرنىڭ سانى زالنىڭ تۆتتە ئۈچ قىسمىنى تولدۇرۇش بىلەنلا قالماي، كىرىش ئىشىكىدە يەنە ئۇزۇن بىر ئۈچىرەتمۇ بار ئىدى. ھىتلېر نۇتۇق سەھنىسىگە چىققان ۋاقتىدا، خۇددى بۇندىن بىر يىل بۇرۇن خوفبراۋخاۋس زالىغا كىرگەن ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش ئىنتايىن ھاياجان ئىچىدە ئىدى. “زالدا مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئادەم قىستىلىپ ئولتۇراتتى. ئۇلار خۇددى مانا ھېلى پارتلايدىغان چوڭ سىنارىيەت بومبىسىغا ئوخشاش ئالدىمدا ماڭا قاراپ تۇراتتى.” سىرىك تىياتىرى ھەقىقەتەنمۇ لىق تولغان ئىدى.
“يا ئىستىقبال — يا يوقۇلۇش!” — بۇ، ھىتلېرنىڭ بۈگۈنكى نۇتقىنىڭ تېمىسى ئىدى.110 ھىتلېر ئىچ-ئىچىدىن خۇشال، ئۇنىڭ ئىستىقبالى ئالدىدىكى بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنەتتى. نۇتقىنى باشلاپ يېرىم سائەت ئۆتمەيلا زالدىكىلەرنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە كىشىلەر ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ قەلبىنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ. “ئىستىخىيىلىك پارتىلىغان گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى” پات-پاتلا ئۇنىڭ نۇتقىنى بۆلۈپ تۇراتتى. كەينىدىنلا پۈتۈن زال تىمتاس ھالغا كېلىپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرەتتى. “شۇنچە كۈپ ئادەم بولىشىغا قارىماي ئامما ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ تىنىق تارتىشىدىن باشقا تىرىك قىلغان ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. نۇتقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سىرىك تىياتىر زالىدىن گۈلدۈرمامىدەك ئالقىش ساداسى كۈتۈرۈلدى. خەلق ئاممىسى قاتتىق ھاياجان ئىچىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن «گېرمانىيە — دوتچلاند» دېگەن مارشنى ئېيتىپ كېتىشتى. ئاممىۋىي يىغىن، جاراڭلىق ناخشا ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.” خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىنلىقىنى قاتتىق ئۆركەشلىتىۋەتكەن ھىتلېرنىڭ ئۆزىمۇ بۇ جوشقۇنلۇق مۇھىت ئىچىدە خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى يوقىتىپلا قويىدۇ. ئۇ، سەھنىدە ئەتراپنى كۈزەتكەچ 20 مىنۇتتەك تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ مەيداننى بوشىتىشىنى تاماشا قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ، ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا زالدىن چىقىپ قار كەچكىنىچە ئۆزىنىڭ ھېلىقى قاراڭغۇ، سوغوق ھۇجرىسىغا قايتىپ كېتىدۇ.
ھىتلېرنىڭ زىركۇس كرون زالىدا ئوينىغان رولى، ميۇنخېن گېزىتلىرىدە ھەجىۋىلەشتۈرۈلۈپ مازاق قىلىنىدۇ. ئەلىۋەتتە مەدىھىلەشلەرنمۇ يوق دېيىشكە بولمايتتى. ھىتلېر، مەتبۇئاتلارنىڭ ھاقارەتلىرى بىلەن مەدىھىلەشلىرىنىڭ ھەر ئىككىسىدىنلا خۇشال ئىدى. ئۇ، كۈچلۈك قارشى تۇرۇشقا دۈچ كېلىپ زەربىگە ئۇچرىغانلىق ئەھۋالىغا قاراپ ھەقىقەتەنمۇ خەلقنىڭ چوڭقۇر ھاياجىنىنى قوزغىيالىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. گەرچە جىدەل ماجىرالار ئۇنىڭ تەرىپىدىكىلەردىن كۆرۈلۈپ تۇرغان بولسىمۇ، ھىتلېرچىلار يەنىلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر مىللەتچى كۈچلىرىنىڭ ئەكە بالىسىغا ئايلانغان ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا مىللەتچىلەر ميۇنخېننى ئۆزلىرىنىڭ مەركىزى ھالىغا كەلتۈرۈش بىلەنلا قالماي، ساقچى باشلىقى بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ، يەنى سىياسىي باشقارما مۇدىرىنىڭ يوشۇرۇن قوللىشىغىمۇ ئېرىشكەن ئىدى. ئادەتتە، كىشىلەر ساقچى دائىرىلىرىگە ئەرز قىلىپ، ساقچىلار بالدۇر قول سېلىپ ھەرىكەتكە ئاتلانمىغاچقا بۇ پارتىيە مۇقىملىقنى بۇزۇپ كەلمەكتە، ساقچىلار ناتسىستلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشى كېرەك دەپ تەلەپتىمۇ بولىشىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى ئەمەلدار بۇنداق نارازىلىقلارنى ئىمكان بار باستۇرۇپ تۇرىدۇ. “بىز، بۇ ھەرىكەتنى، يەنى مىللەتچى سوتسيالىزم ئىشچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇلىدىغان ھەرىكەت قاتارىغا كىرمەسلىكى كېرەك دەپ قارايمىز.” شۇندىن ئۈچ يىل كېيىن ھىتلېر سوتلانغىنىدا بۇ ئىككى ئەمەلدار چىقىپ شاھىتلىق قىلىپ، “بىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق قىلغان ئىدۇق. بىز ئۇلارنى توسمىدۇق؛ بىز بىلىپ تۇرۇپ يول قويدۇق. چۇنكى بىز بۇ پارتىيىدە گېرمانىيىنىڭ قايتا تىرىلىشىنىڭ ئۈندۈرمىلىرىنى كۆرگەن ئىدۇق. بىز باشتىن تارتىپلا بۇ ھەرىكەت ماركسىزم تەرىپىدىن قاتتىق بۇلغىۋېتىلگەن ئىشچىلار ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارىتىدىغانلىقىغا، ئۇ ئىشچىلارنى مىللەتچىلىك سېپىگە قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتۇق. مانا بۇلار، شۇ ۋاقىتتا مىللەتچى سوتسيالىزم ھەرىكىتىدىكىلەرنى، ھىتلېر ئەپەندىنى قوغداپ كەلگەنلىكىمىزنىڭ تۈپكى سەۋەبى.” (بۇنىڭدەك ئوڭچى كۈچلەرنى قوغدىغانلار بۇلارلا ئەمەس ئىدى. ھىتلېرنى چەكلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەربىيلەر، شۇنىڭدەك سودىيىلەر، ساقچى ئەمەلدارلىرى، دۆلەت كادىرلىرى بىلەن يەرلىك مەمورى كادىرلارمۇ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ كېلىۋاتقان مىللەتچىلەرگە ئالاھىدە يېقىنچىلىق كۆرسەتمەكتە ئىدى. 1919-يىلى يانۋاردىن تا 1922-يىلى ئىيۇنغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە گېرمانىيە بويىچە يۈز بەرگەن 376 قېتىملىق سىياسىي سۈيىقەست دېلوسى ئىچىدە 22 قېتىمىنى سولچىلار پەيدا قىلغان بولسا، 354 قېتىمىنى ئوڭچىلار پەيدا قىلغان. ئەمما سولچىلار ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 180 ئايدىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، ئوڭچىلار ئارانلا 4 ئايلىق جازاغا كېسىلگەن. بۇ جەرياندا 10 نەپەر سولچىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئوڭچىلاردىن بىرسىمۇ ئۆلۈم جازاسىغا كېسىلمىگەن. — ئا. ھ. ئى)
باۋارىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇلارنى قىسمەنلىكتە بولسىمۇ ئېتراپ قىلىدۇ. ھىتلېر بىلەن پارتىيىنىڭ باشقا رەھبەرلىرى ئوڭچىلار تەرەپ مىنىستىرى گۇستاۋ رىتتېر ۋون كاھر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ مىنىستىر باۋارىيىنىڭ ئۆزگىچە غەيرى رەسمى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋېيمار ھۆكمىتى تەرىپىدىن ئىگەللىنىشنى پۈتۈن ئاماللار بىلەن توساپ كەلگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ باۋارىيە، ئۆز ئالدىغا پوچتا ئىدارىسى بولۇشتەك بىر قاتار ئاپتونوم ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ كېلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئاخماق شىماللىقلاردىن كەلگەن ھەر قانداق بىر يوليورۇقنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئىزچىل چىڭ تۇرىدۇ. بۇ جەھەتتە ھىتلېر بىلەن كاھر بەزى ئورتاق قاراشلارغىمۇ كېلىشىدۇ. گەرچە كاھر نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە بۇ “تەلۋە ئاۋسترىيىلىك” بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ۋېيمار دائىرىلىرى بىلەن بولغان كۈرىشىدە نېمىس مىللەتچى سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسى — NASDAP، يەنى ناسداپنىڭ بۇ رەھبىرىدىن تەشۋىقات قۇرالى سۈپىتىدە پايدىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى چۈشىنەتتى.111
خەلق ئاممىسىمۇ كاھرنىڭ دوستانە مۇئامىلىسىگە قاراپ ھىتلېرنى بۈگۈنكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ بىر ۋەكىلى دەپ تونىغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدىن ھىتلېرمۇ خۇشال ئىدى. چۇنكى، بۇ كۈنلەردە ھىتلېر بىلەن ياشىنىپ قالغان پارتىيە رەھبىرى ئوتتۇرسىدىكى پىكىر ئىختىلاۋى رەسمى قىزىشىشقا باشلىغان ئىدى. ھىتلېرنىڭ باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، خەلق ئاممىسىمۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە قىزىقىپ كېلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ھىتلېر رەسمى داڭلىق بىرسىگە ئايلانماقتا ئىدى. بۇ ئەھۋاللار شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ئادولف پارتىيىنىڭ ئەسلىدىكى غايىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىپلا قالماي يەنە ھاكىمىيەتنى پۈتۈنلەي تارتىپ ئېلىش ئويىغىمۇ كەلمەكتە ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ سىياسىي دۈشمىنى بېرلىندا تۇرىۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ (ئۇ، بۇ يەردىكى مۇتەئەسسىپلەر، مىللەتچىلەر ۋە ئوڭچىل رادىكاللار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا ئىدى)، ئاۋگسبۇرگدىكى بىر قىسىم سوتسىيالىستلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكە كىرىشىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ قىلچە زىيىنى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ ھىتلېر بۇنى ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان بىر سۈيىقەست دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ، دەرھال ميۇنخېنغا قايتىپ ئۇلارنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ: 11-ئىيۇل كۈنى، ھىتلېر پارتىيىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۈچ كۈن كېيىن، پارتىيىدىن چېكىنىش سەۋەبىنىمۇ ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتوم شەكلىدە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئۇلتىماتومىدا، ئەگەر پارتىيىنىڭ رەئىسلىكى بىلەن پارتىيىنى يالغۇز باشقۇرۇش ھوقۇقى ئۆزىگە بېرىلمەيدىكەن، بۇ پارتىيىگە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. “مېنىڭ بۇنداق بىر تەلەپتە بولىشىم ھەرگىز ھوقۇققا ھىرىسمەن بولغانلىقىمدىن ئەمەس. — دەيدۇ ھىتلېر، — بۈگۈنكى ۋەزىيەت مېنى شۇنداق ئويلاشقا مەجبۇر قىلماقتىكى، ئەگەر پارتىيىمىزدە پولاتتەك كۈچلۈك ئىرادىلىك رەھبەرلىك بولمايدىكەن، … بۇ پارتىيە ئۇزۇنغا  قالماي ئۆزگىرىپ كېتىدۇ: يەنى غەرپتىكى قايسى بىر جەمئىيەتكە ئوخشاپ قېلىپ، مىللەتچى سوتسىيالىزم يولىدىكى نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى بولۇشتىن چىقىدۇ.” مانا بۇ، ھىتلېرنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىن ئېلىپ كەلگەن ئادىتىنىڭ — كوماندىرغا شەرتسىز بوي سۇنۇش دېگەن رەھبەرلىك پىرىنسىپىنىڭ تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىلىشى ئىدى.
ھىتلېر پارتىيە كومىتېتىدىن 8 كۈنلۈك مۇھلەت ئىچىدە بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما درېكسلېر قاتتىق غەزەپلىنىپ بۇنداق بىر تەلەپ ئۈستىدە مۇرەسسە قىلىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. شۇ كۈنلەردە يەنە پارتىيە ئىچىدە ھىتلېرنى قارىلايدىغان ئىمزاسىز بىر كىتابچىمۇ تارقىلىپ يۈرەتتى. بۇمۇ ۋەزىيەتنى يامانلاشتۇرىۋېتىدۇ. بۇ كىتابچىغا «ئادولف ھىتلېر — خائىنمۇ؟» دەپ ئىسىم قويۇلغان بولۇپ، پاكىت بىلەن پەرەزلەر بىر-بىرسىگە ئارلاشتۇرۇپ قوچىۋېتىلگەن ئىدى. ھىتلېرغا بۇ تۈردىكى ئۇيدۇرمىلارنىڭ پارتىيە ئىچىدە تارقىلىپ يۈرۈشى قاتتىق ھار كېلىدۇ. دېگەندەك، بۇ كىتابچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم گەپلەر ھەقىقاتەنمۇ ئېغىر ئۇيدۇرما گەپلەر ئىدى، مەسىلەن ھىتلېر ئۆزىنى ميۇنخېن پادىشاسى دەپ تونۇغانلىقى؛ ئاياللار ئۈچۈن بەكلا كۆپ پۇل زايا قىلىۋەتكەنلىكى؛ ئۇ يەھۇدىيلار تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ ئىشلىتىۋاتقان بىر جاسۇس ئىكەنلىكى، … دېگەندەك بەكلا كۈلكىلىك گەپلەر يېزىلغان بولۇپ، بۇنداق گەپلەرگە بەلكىم ئۇ كىتابنىڭ ئاپتورىنىڭ ئۆزىمۇ ئىشەنمىسە كېرەك؟
سەككىز كۈنلۈك مۇھلەت توشقان بولسىمۇ درېكسلېر بىلەن پارتىكوم يەنىلا بۇ تەلەپ بويىچە بىرەر ھەرىكەت قىلىشتىن باش تارتىپ تۇرىۋالىدۇ. قارىغاندا ھىتلېرنىڭ بۇ پوپوزىسى كارغا كەلمەيدىغاندەكلا قىلاتتى. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مەخپى يىغىندا ئېكارتنىڭ درېكسلېرغا كېلىشىپ قېلىش ھەققىدە ئېيتقانلىرى كارغا كەلدى، ئەتىمالىم. درېكسلېرمۇ بۇندىن كېيىن ھىتلېرنى ئارىغا ئالماي ئۆز ئالدىغا بىر گۇرۇھ تەشكىل قىلالايمىزغۇ دەپ ئويلاپ باشقا كومىتىت ئەزالىرىنى بۇنىڭغا ماقۇل كەلتۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار، ھىتلېرغا پارتىيىگە يالغۇز ھۈكۈمران بولۇش ھوقۇقى بېرىلسۇن دېگەن تەلىۋىگە ماقۇل كەلگەنلىكىنى ئۇنىڭغا رەسمى ئۇختۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاجايىپ چىرايلىق مەدىھىلەر بىلەن ھىتلېرغا پارتىيىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش تەكلىۋى بېرىلىپ، “سىز پەۋقۇلئاددە بىلىملىك، پارتىيىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئاجايىپ پىداكارلىقلارنى كۆرسىتىپ پەۋقۇلئاددە تۆھپە قوشتىڭىز، ھەمدە ئاجايىپ ئىسىل ناتىقسىز. ھەممىمىز بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىزنى بىردەك تەكلىپ قىلىمىز” دېگەندەك مەدھىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشمۇ ئۇنۇتۇلمىغان ئىدى.
ھىتلېرنىڭ پارتىيە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى رەسمى ئۈستىگە ئېلىشى ئۈچۈن 29-ئىيۇل كۈنى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي چاقىرىش قارارى ئېلىنىدۇ. قۇرۇلتايغا ھېرمان ئېسسېر ئىسىملىك بىر باۋارىيىلىك رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئېسسېر ياش بىرى بولىشىغا قارىماي كېيىن فۈھرېرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك مەسلىھەتچىسىگە ئايلىنىدۇ. ئېسسېر، ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا بەك ئامىراقلىقى بىلەن تونۇلغان بىرسى بولۇپ، ھىتلېر ئۇنى “قەتئىي يۈگەنلىنىشى شەرت بىر قاۋان” دەپ ئاتايدۇ. قۇرۇلتايدا، ئېسسېر سۆزگە چىقىپ ھىتلېرنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا تەغدىم قىلىدۇ.112 ئۇنىڭ كەينىدىن ھىتلېر سەھنىگە چىقىپ، بۇ پارتىيىنىڭ بىرەر چايخانا تەشكىلاتىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ كېلىپ، “بىز باشقا ھەر قانداق بىر تەشكىلات بىلەن بىرلىشىشنى خالىمايمىز. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ بىزگە كېلىپ قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرالايمىز. ئەگەر كىمكى بۇ پىرىنسىپنى قوبۇل قىلالمايدىكەن، ئۇنداقلارغا يول ئوچۇق: پارتىيىدىن چىقىپ كەتسۇن. — ھىتلېر بۇ گەپلەرنى ئاۋگۇسبۇرگ گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە، شۇنىڭدەك قالغان شەھەر سىرتىدىكىلەرگە قارىتىپ ئېيتماقتا ئىدى، — بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىز ميۇنخېندىن باشلانغان، شۇڭا قەتئى تۈردە ميۇنخېندا داۋاملىشىشى شەرت.” ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا درېكسلېر بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، پارتىيىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئاۋازغا قويۇلۇش نەتىجىسىدە، بىرگە قارشى 543 ئاۋاز بىلەن ھىتلېرنىڭ رەئىسلىكى رەسمى تۈردە ماقۇللىنىدۇ.
ھىتلېر ۋە ئۇنىڭ “بوخېمىيىلىكلەر قوشۇنى”، “مىللەتچى سوتسىيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى” نى، يەنى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ مۇتلەق ھوقۇقىنى قولغا ئالغىنىدىن كېيىن پارتىيە ئاۋانگارتلىرىنىڭ تولۇق قوشۇلىشى نەتىجىسىدە كونا ئۇسلۇپلار ئاساسىدا يېڭى تۈزۈم يولغا قويۇش ئىمكانى يوق ئىدى. شۇڭا، بۇرۇنقى نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەنئەنىلىرى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ. شۇندىن باشلاپ، پارتىيە ئىچىدە ئۇنداق پارلامىنت پاسونىدىكى مۇنازىرىلەر بىلەن دېموكراتىك تەرتىپلەرگە قەتئىي يول قويمايدىغان، پۈتۈن پارتىيە فۈھرېرنىڭ تۇتقان يولىغا شەرتسىز بوي سۇنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىتلېر ياشانغان پارتىيە قۇرغۇچىسىنى ئېنىق بولمىغان ھوقۇق بېرىش ئۇسلۇبلاردا كۈچىنىڭ يېتىشىچە پەپىلەپ تۇرىدۇ. ئۇ، رەئىسلىك تەختىگە چىققىنىدىن كېيىن پارتىيە ئىچىدە بىرەرمۇ بويرۇق، بىرەرمۇ ئىنتىزام قائىدىسى ئېلان قىلمايدۇ. ئەمما ئۇ، شۇ يىلى يازدا ميۇنخېندا پارتىيە ئىچىدىكى ئۆز تەرەپتارلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئىشىغا كىرىشىپ، بۇرۇن مىتىنگلەردە تەرتىپ ساقلاشقا مەسئۇل بولغان رەھىمسىزلىكتە داڭ چىقارغان بىر گۇرۇپ كىشىلەرنى تۇيغۇزماستىن يىغىپ ئۇلاردىن تەشكىلى ئىنتىزاملىق، ئۇچىسىغا مەخسۇس ئۈنفورما كىيىدىغان شىتات سىرتىدا قۇراللىق قىسىم تەشكىللەشكە كىرىشىدۇ. شىتات سىرتىدىكى بۇ ئەتىرەت ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلۇپ، “تەنھەركەتچىلەر دىۋىزىيونى” دېگەن نامنى ئالىدۇ. پارتىيىنىڭ بىر ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ دىۋىزىيوننىڭ قۇرۇلۇش مەقسىدى “ياش پارتىيە ئەزالىرىنى بىرەردىن كۈچلۈك تەشكىلات قوينىغا ئېلىپ ئۇلاردىن ھۇجۇمچىلار سۈپىتىدە پايدىلىنىش، بۇ ئەترەت پارتىيىنىڭ قۇماندانلىقىدا ھەرىكەت قىلىدۇ” دەپ يېزىلغان ئىدى. ئىككى ئايدىن كېيىن، بۇ ئەتىرەت مەقسىدىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى بىر ئىسىم — “ھۇجۇمچىلار ئەتىرىتى”، يەنى ئېس-ئاچىلار (SA) ئەترىتى دېگەن نامىنى ئالىدۇ. ھىتلېرنىڭ نەزىرىدە، بۇ ھۇجۇمچىلار ئەتىرىتى ھەرگىزمۇ تەرتىپ ساقلاشنىڭ بىر ۋاستىسى بولۇش بىلەنلا قالمايتتى. بۇ ئەتىرەت ئۆز ۋاقتىدا يەنە ئۇچىسىغا مەخسۇس ئۈنفورما كىيىپ كوچىلاردا پاتىروللۇق قىلىپ، پاتىروللارنى ياخشى كۆرىدىغان شەھەر خەلقى ئالدىدا ئۆزىنى نامايىش قىلىپ كۆرسىتىۋېلىش بىلەنمۇ مەشغۇل بولاتتى. ئەمما ئېس-ئاچىلار ئەترىتىنىڭ ئەتىرەت باشلىقى بولغان رۆم بولسا، بۇ ئەترەتنى رەسمى قۇراللىق قىسىم، ئۆزىنىڭ شەخسى ئارمىيىسى قاتارىدا تونۇيتتى. ھۇجۇمچىلار ئەتىرىتىنىڭ يادرولۇق كۈچىنى “ئەركىن كورپۇس” قىسىملىرىدىن كەلگەنلەر تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مارشىنى سەل-پەل ئۆزگەرتىپلا بۇ ئەتىرەتنىڭ مارشىغا ئايلاندۇرىۋالىدۇ:
بېشىمىزدا كرىست بەلگىلىك مىس قالپاق،
بېلىكىمىزدە قارا-ئاق-قىزىل يەڭلىك،
ھىتلېر ئېس-ئاچىلىرى بىز،
بۇ نامىمىز ئەڭ جاراڭلىق!
ئاخىرى، پارتىيە ئۆزىگە تەۋە يېڭى بىر قوشۇن قۇرۇۋالىدۇ. بۇ قوشۇننى ھىتلېر پۈتۈنلەي ئۆز تېزگىنىگە ئېلىپ پارتىيىنى تېخىمۇ “ئىنقىلابىي” بولغان يەپ-يېڭى بىر يولغا يېتەكلەپ مېڭىشقا كىرىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە، ھىتلېر بۇ ئەترەتنى بىر مۇنچە ئاشكارە ئۆكتەملىك ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىشقا قۇتۇراتقۇلۇق قىلىدۇ. بۇ تۈر قۇتۇراتقۇلۇقلار مۇنداق قارىماققا قىلچە مەقسەتسىز ئۆزلىكىدىنلا ئوتتۇرىغا چىققان جىدەل-ماجىرالاردەكلا كۆرۈنەتتى. يەنى كوچىدا قايسى بىر يەھۇدىي تاياق يەيتتى، قانۇنسىزلىق بىلەن بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كوچىنى بېشىغا كېيىشەتتى، تەشۋىقات كىتاب-ۋاراقلىرىنى تارقىتىشاتتى. يەنە بەزى ئۇششاق جىدەللەرگىمۇ ئارىلىشىپ قالاتتى. … ئەمما جەمىيەت تەرتىپنى قالايماقان قىلىۋېتىدىغان بۇ تۈردىكى ئۇششاق-چۈششەك ھەرىكەتلەردىن كېيىن، 1921-يىلى 14-سىنتەبىردە ئېغىر بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ. بۇ ۋەقە “باۋارىيە پولكى” نىڭ لۆۋېن براۋكېللېر پىۋىخانىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىتىنگدا يۈز بېرىدۇ.113 “باۋارىيە پولكى” ئەسلىدە فېدېراتسىيىچىلەرنىڭ بىر تەشكىلاتى بولۇپ، ۋېيمار ھۆكۈمىتىنىڭ جەمىيەت قانۇنىنى قوبۇل قىلسىمۇ، مەركەزلەشكەن ھاكىمىيەت تۈزۈمىگە قارشى ئىدى. بۇ تەشكىلنىڭ رەھبىرى بولغان كىشى، يەنى ھىتلېر تەرىپىدىن “ئەڭ خەۋىپلىك ئۆكتىچى” دەپ قارىغان ئېنجىنېر باللېرستېدت سەھنىگە چىقىپ ئەندىلا  نۇتۇق سۆزلەشكە باشلىۋىدى ھىتلېر داغدام قەدەملەر بىلەن يىغىن زالىغا كىرىپ كېلىدۇ. ئۇندىن بۇرۇن نۇرغۇنلىغان پۇخراچە كېيىنگەن ئېس-ئاچىلار يىغىن قاتناشقۇچىلىرى قاتارىدا زالغا چاندۇرماي كىرگۈزىۋېتىلگەن ئىدى. ئۇلار ھىتلېرنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ھەممىسى بىردەك ئورنىدىن تۇرۇپ ۋارقىرىشىپ ھىتلېرغا مەدەت بېرىدۇ. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىغا كىرگۈزىۋېتىلگەن يۈزلىگەن پارتىيە تەرەپتارلىرىمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ ھىتلېرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ. ھېرمان ئېسېر بىر ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ “باۋارىيىنىڭ بۈگۈنكىدەك قالاق ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا بىردىن-بىر سەۋەپچى بولغانلار دەل يەھۇدىيلار!” دەپ توۋلايدۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان قالغان مىتىنگ قاتناشقۇچىلىرىمۇ تەڭ ۋارقىرىشىپ، بالېستېدقا “نۇتۇق سەھنىسىنى ھىتلېرغا ئۆتكۈزۈپ بەر!” دەپ توۋلىشىدۇ. ئوتتۇرلۇقتا جىدەل چىقىپ كەتمىسۇن دەپ ئويلىغان بىرسى دەرھال چىراقنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ. ئەمما قاراڭغۇدا ھەممە تەرەپتىن پات-پاراقچىلىق كۆتۈرۈلۈپ تېخىمۇ قالايماقانچىلىق يۈز بېرىدۇ. چىراق قايتا يېقىلغان ۋاقتىدا، SA چىلار سەھنىگە ئېتىلپ چىقىپ باللېرستېدتنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ راسا ئەدەپلىگەندىن كېيىن ئۇنى يىغىن زالىغا چۆرۈپ تاشلىۋىتىدۇ. ساقچى دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى جىدەل تېرىغانلارنى تەكشۈرۈشكە كەلگىنىدە، ھىتلېر توۋا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىنچە “ھېچ ئىش يوق، بىز ئۆز مەقسىدىمىزگە يەتتۇق. باللېرستېدتمۇ نارازىلىق بىلاۈرگىنى يوق” دەپ بىر خىيالىدا يوق ئۆز گېپىنى قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. ئەمما بۇ ئىش شۇنىڭ بىلەنلا ئاخىرلاشماي، ھىتلېر بىلەن ئېسېر ئىككىسىگە سوتنىڭ چاقىرىق قەغىزى كېلىدۇ. سوتتا جەمئىيەت ئامانلىقىنى قالايماقان قىلغان دېگەن جىنايەت ئارتىلغان بولسىمۇ، قاتتىق تالاش-تارتىشتىن كېيىن ئۇلار ئىككىسىگە چىقىرىلغان ھۈكۈمدە زورلۇق كۈچىدىن پايدىلانغان، دېگەن بىرلا جىنايەت ئارتىلغان ئىدى. ئەسلىدە 4-نويابىردىمۇ ھىتلېر ميۇنخېننىڭ خوفبراۋخاۋس پىۋىخانىسىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقىنىدا زوراۋانلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ ئىش مۇنداق يۈز بەرگەن ئىدى: ئاخشىمى سائەت سەككىزگە چارەك قالغاندا ھىتلېر زالغا كىرىدۇ. بۇ چاغدا پىۋىخانا زالىدا 800 دىن ئارتۇق ئادەم بار ئىدى. ئاياللار ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرۇش بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئىمكان بار ماجىرا پەيدا بولىدىغان ئىشىك تەرەپتىن يىراقتا بولىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. ئەمما بۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش ماگدالېنا شۋېيېر خانىمنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئىدى. بۇ ئايال ھىتلېر تۇرىدىغان ئۆينىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر كۆكتات دۇكىنىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، ھىتلېرغا بەكلا سادىق بىرى ئىدى. “مەن قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىم، راستىنلا قىلچە قورقمىدىم. جىدەل چىقىدىغانلىقى مانا مەن دەپلا كۆرىنىپ تۇراتتى. زالدىكىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى قىزىللار ئىدى.” ئەسلىدە يىغىنغا كەلگەن ھىتلېرغا قارشى بۇ كىشىلەر ماففېي زاۋۇتىدىن، ئىسارىيە نازۇك سائەت ئەسۋاپلار زاۋۇتىدىن ۋە باشقا بەزى زاۋۇتلاردىن يىغىننى قالايماقان قىلىشنى مەقسەت قىلىپ كەلگەن ئىشچىلار ئىدى. بۇ ئىشچىلار سان جەھەتتە ھىتلېر تەرەپتارلىرىدىن خېلىلا كۆپ ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە باش مىنىستىر ۋون كاھر ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ مۇتىدىل يۇمشاقباش بىرسى چىققانلىقى سەۋەبىدىن، ناتسىستلار پارتىيىسى بۇندىن كېيىن باۋارىيە ھۆكۈمەت تەرەپتىن يۇشۇرۇن قوغدىلىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قالغان ئىدى.
ھىتلېر زالغا كىرىپ ئەتىراپنى بىر قۇر كۈزەتكەندىن كېيىن پۈتۈن ئىشىكلەر تاقالسۇن دەپ بويرۇق قىلىدۇ. ئەسلىدە ھىتلېر زالغا كىرەر-كىرمەيلا سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسىنىڭ ئادەملىرى ئاللىمۇقاچان كوپ قىسىم ئورۇنلارنى ئىگەللەپ بولغانلىقىنى سەزگەن ئىدى. ئۇ، ئېس-ئاچىلار (50 نەپەر ئەتىراپىدا) غا “مانا بۈگۈن سىلەرنىڭ ھەرىكىتىمىزگە ساداقىتىڭلارنى كۆرسىتىدىغان پۇرسىتىڭلار كەلدى، بۇ يەردىن ئۆلۈكىمىز چىقسا چىقسۇنكى، زالدىن بىرىمىزمۇ ئايرىلمايمىز” دەيدۇ. ئۇلار، ئاۋال ھۇجۇمغا ئۆتۈش — ئەڭ ياخشى مۇداپىيە دېگەن قاراشتا ئىدى. شۇڭا، بىرەر زوراۋانلىق ھەرىكىتى شەپىسى كۆرۈلگىدەكلا بولىدىكەن دەرھال ھۇجۇمغا ئۆتۈپ زەربە بېرىشكە تەييار ھالدا تۇرۇشاتتى. “سالاملاشقاندا خايل! خايىل! خايىل! — بىر-بىرىڭلاردىن كۈچلۈك ياشىسۇن دەپ ئۈچ قېتىم توۋلاپ جاۋاب بېرىڭلار” دېگەن ئىدى. ھىتلېرنىڭ بۇخىل رومانتىك بايان قىلىش ئۇسلۇبىنى ئۇنىڭ تەرەپتارلىرى ئۇنۇتمايدۇ. خۇددى ھىتلېرنىڭ شەكسىز تۈردە شۇنداق ئىپادىدە بولغىنىدەك، ئۇنىڭ تەرەپتارلىرىمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق ساداقەت بىلدۈرۈپ، “ئاكوپتىن چىققان ئىرادىلىك جەڭچىلەرلا ۋەتەننىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ” دەپ قارىشاتتى.
ھىتلېر سەھنىگە قاراپ كېتىۋاتقىنىدا، ئىشچىلار قاتتىق توۋلىشىپ ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىشقا كىرىشىدۇ. ھىتلېر ئۇلارغا پەرۋامۇ قىلماي يولىنى داۋام قىلىدۇ. بۇ چاغدا ھېرمان ئېسېر يىغىن زالىدا تەرتىپ ئورنىتىش ئۈچۈن ئالدىدىكى سەھنە ئۈستىلىگە چىقىۋېلىپ،114 يىغىن باشلاندى، كۆپچىلىك تىنچلىنايلى دەپ ۋارقىرايدۇ. ئۇ سەھنىدىن چۈشىشى بىلەن ھىتلېر سەھنىگە چىقىپ نۇتقىنى باشلىۋېتىدۇ. دەسلىۋىدە يىغىن زالىدىن “ۋەەەت!” دېگەن مازاق قىلىش ئاۋازلىرى كېلىشكە باشلايدۇ. ئەمما ئۇزۇنغا قالمايلا مەخسۇس ھىتلېرنى شاڭخو قىلىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ كىشىلەرمۇ قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ ھىتلېرنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاشقا كىرىشىپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھىتلېر، يېرىم سائەتتەك قىلچە دەخلىسىز نۇتۇق سۆزلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ رىقابەتچىلىرى پەيت كۈتۈپ بىر مۇنچە پىۋا قۇتىسىنى قۇرال قىلىش ئۈچۈن ئورۇندۇقىنىڭ ئاستىغا يىغىپ تەييار تۇرىشاتتى. تۇيۇقسىز بىرسى سەكرەپ چىقىپ ھىتلېرنىڭ نۇتقىنى بۆلىدۇ. ھىتلېرمۇ قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە ئۇ كىشىگە رەددىيە بېرىدۇ. زال ئىچىدە غەزەپلىك ۋارقىراپ جارقىراشلار كۆتۈرىلىدۇ. ئارىدىن بىرسى ئورۇندۇقىغا چىقىپ “ئەركىنلىك!” دەپ ۋارقىرايدۇ. شۇ ۋاقىتتا پىۋا شىشىسىدىن بىرسى ھىتلېرنىڭ بېشىغا قاراپ ئۇچۇپ كېلىدۇ. كەينىدىنلا يەنە بەش-ئالتىسى ئېتىلىدۇ. بىرسى ئالدى قاتاردىكى ئاياللارغا “دەرھال جوزا ئاستىغا يوشۇرنۇڭلار!” دەپ ۋارقىرايدۇ. شۋېيېر خانىم دەرھال بېشىنى ئىگىدۇ. “ھەر تۈرلۈك ئاۋازلار، پىۋا بوتولكىلىرىنىڭ سۇنغان ئاۋازلىرى، بىر-بىرىنى ئۇرىۋاتقان تاياق ئاۋازلىرى، ئورۇندۇق-ئۈستەللەرنىڭ ئۆرۈلۈپ سۇنغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ، باشقا ھېچ نېمىنى پەرق قىلغىلى بولمايتتى. زالدا ئېس-ئاچىلار راسا ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى” دەيدۇ بۇ ئايال. نېمە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ بېشىنى كۆتەرگەن بۇ ئايال ھاڭ-تاڭ بولۇپ قېتىپلا قالىدۇ: ھىتلېر، شۇنچە كۆپ پىۋا بوتولكىلىرىنىڭ ئۇچۇپ كېلىشىگە پەرۋايى پەلەك قىمىرمۇ قىلماي بۇرۇنقى يېرىدە تۇراتتى. سان جەھەتتە بەكلا ئاز ئېس-ئاچىلار ئۆزىنى كۆرسىتىپ قىزىللارنىڭ راسا ئەدىۋىنى بەرمەكتە ئىدى. يېرىم سائەتكە قالماي دۈشمەنلەر بىنادىن تازىلاپ چىقىرىلىدۇ. زال ئىچى يېڭىلا سىنارىيەت ئوقىدا تىتما-تىتما بولۇپ كەتكەندەك ئورۇندۇق-ئۈستەللەر ئۆرۈلگەن، پۈتۈن ئەتىراپ پىۋا پوتولكا سۇنۇقلىرى بىلەن تولغان ئىدى. بۇ قالايماقانچىلىق ئارىسىدا قايتا ھېرمان ئېسېرنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ: “يىغىنىمىز ئوچۇق، ناتىق سۆزىنى داۋام قىلسۇن!” ھىتلېر نۇتقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئېس-ئاچىلارنىڭ بەزىلىرى يارىلىرىنى تېڭىۋاتقان، يەنە بەزىلىرى نۇسۇلكىلىق سىرتقا توشۇلماقتا ئىدى. ھىتلېرنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن تەڭ، پۈتۈن ئەتىراپتىن ئالقىش-سادا كۆتۈرۈلدى. شۇ چاغدىلا بىر ساقچى ئىشىكتىن ئالدىراش كىرگىنىچە “يىغىندىن تارقىلىڭلار، تارقىلىڭلار!” دەپ  ۋارقىرايدۇ.

5
ھىتلېر، بۇ قېتىمقى خوف پىۋىخانا جىدىلىدە قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي زورلۇق كۈچىگە تايىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلا بولىدىكەنمىز چوقۇم غەلىبە قىلالايمىزكەن دېگەننى ئېنىق تونۇپ يەتكەن ئىدى. شۇ ئاخشىمىدىكى غالىبىيەت، ھىتلېر بىلەن نېمىس مىللەتچى سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ داڭقىنى پۈتۈن جاھانغا پۈر كەلتۈرىۋېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ پارتىيە ئەزا سانىنىڭ ئارتىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ سەمىمى، ئاق كۆڭۈل شەھەر ئاھالىسى بۇ تۈردىكى ئىپتىدائىي ئۇسۇللارغا تايىنىپ ۋەقە پەيدا قىلىشلارنى توختىتىش تەلىۋىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باۋارىيە يېڭى ھۆكۈمىتىمۇ ھىتلېرغا قارىتا جىددى تەدبىر قوللىنىپ چەكلىمە قويۇش يوللىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھىتلېرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قۇتۇراتقۇلۇق قىلغانلىقىغا دائىر ئېنىق پاكىتلارنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى ھۆكۈمەت، ھىتلېرغا ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يېنىغا تاپانچا ئېلىپ يۈىدىغان يانقۇرال رۇخسەت قەغىزى بېرىپ ئادىل مۇئامىلىدە بولغانلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن ئىدى.
ھىتلېرنىڭ زورلۇق كۈچتىن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى جەريانىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىللەتچىلەر بىلەن خەلق ئاممىسى ئارىسىدا نارازىلىق بىلدۈرۈش شەپىلىرى ئوتتۇرغا چىقماقتا ئىدى. شۇ يىلىنىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش چىقىم مىقدارىنى ئۈستۈرۈپ تۆلىتىش تەلىۋىنى رەت قىلىدۇ. نەتىجىدە فرانسىيە بىلەن بېلگىيە ئارمىيىسى دۇئىسبۇرگ بىلەن دۈسسېلدورفنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق جازالايدۇ. ئىككى ئايدىن كېيىن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئاخىرقى ئۇلتىماتوم تاپشۇرۇپ، گېرمانىيىنى ئۇرۇش چىقىمى ئۈچۈن ئىكىسپورت مىقدارىنىڭ يۈزدە يىگىرمە بەشىنى قوشۇپ يىلىغا ئىككى مىليارد مارك تۆلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئۇلتىماتومدا يەنە، ئەگەر بۇ تەلەپلىرىمىزگە ماقۇل بولمايدىكەن، رۇر رايونىنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىمىز دەپ تەھدىت سالىدۇ.
موتىدىل ھەم كونسىرىۋاتىپ ئىچكى كابىنت بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايمىز دەپ بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ۋاقىتتا ھۆكۈمەت تېزگىنىدىكى “مەركىزى پارتىيە” ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەلىۋىگە باش ئېگىپ ماقۇل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق تەسلىمچىلىك ھەرىكىتى ھىتلېرغا ئوخشاش مىللەتچىلەرنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ.115 شۇڭا بۇ تۈر مىللەتچى كۈچلەر مەركىزى پارتىيە رەھبىرى، ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسىغا قول قويغان “جىنايەتچى” ماتتىياس ئېرزبېرگېرنى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈشتەك بىر مۇنچە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. قانۇن-تەرتىپنى قوغداش تەلىۋىدە بولغان نېمىسلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ تۈر سۈيقەست ھەرىكەتلىرىنىڭ قاتىلىرىنى قەھرىمان ھېسابلاپ مەدھىلىشىدۇ.
1921-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا بىرلەشكەن مىللەتلەر جەمىيىتى، پولشانىڭ يوقىرى سىلېسىيەنى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ (گېرمانىيىنىڭ بەشتە تۆت قىسىم كانلىرى بىلەن ئېغىر سانائىتى شۇ يەردە ئىدى). بۇمۇ مىللەتچىلەرنى غەزەپلەندۈرگەن يېڭى سەۋەپ بولۇپ بېرىدۇ. قىش يېقىنلىشىشى بىلەن مارك پاخاللىشىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭدەك يەنە بۇ سەۋەپتىن كېلىپ چىققان ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى نېمىسلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. 1922-يىلى پاسخا بايرىمى بولغان يەكشەنبە كۈنىدە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋالتېر راتېناۋ تۇيۇقسىزلا شەرققە يۈزلىنىپ، راپاللودا سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن كىلىشىم ئىمزالىشىدۇ. بۇمۇ زوراۋانلىق ھەركەت مۇھىتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بولشېۋىكلارغا قارشى ھىتلېردەك قاراشتىكىلەر، بۇنداق ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئىمپېرىيىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەچكە بۇنىڭغىمۇ قاتتىق نارازى ئىدى. گېرمانىيە سىياسىي مۇستەقىللىق جەھەتتە كۈچىيىشى غەرب ئىتتىپاقداشلىرىغا قاتتىق زەربە ھېساپلانسىمۇ ئۇلار بەرىبىر بۇنى  كۆرمەسكە سېلىۋالىدۇ.
گېرمانىيە، روسىيە بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ماقۇل كېلىپ، بىر-بىرسىدىن ئۇرۇش چىقىمى تۆلىتىش تەلىۋىدىن ۋاز كېچىش بىلەن بىرگە يەنە سودا مۇناسىۋىتىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈردىغان بولىدۇ. بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپ بىلەن مۇزاكىرە قىلىشماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا دوستىنىڭ ئىقتىسادىي كىلىشىمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۈچىنچى بىر دۆلەت بىلەن ھەر قانداق ئىقتىسادىي كىلىشىم ئىمزالىيالمايدىغانلىقى؛ روسىيەنىڭ زامانىۋى تېخنىكىلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى؛ گېرمانىيە بولسا، ۋېرسايىل شەرتنامىسىنىڭ ھەربى كۈچىنى بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە چەكلەش دەيدىغان ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق خەلقئارالىق چەكلىمە قويۇش كومىتېتىنى گۇمانلاندۇرۇپ قويماسلىققىمۇ تىرىشاتتى. لېنىن، خېلى بۇرۇنلا گېرمانىيىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىزىل ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىشىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسىنىڭ مەسئۇلى گېنېرال خانس ۋون سېكتمۇ ئامالسىز بۇنىڭغا ماقۇل بولغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن، ئىككى دۆلەت ھەربى دائىرىلىرىنىڭ بېرىش-كېلىشلىرى قۇيۇقلىشىشقا باشلايدۇ. شۇ ئارقىلىق، كىچىككىنە گېرمانىيە ئارمىيىسى قىزىل ئارمىيىگە ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىش؛ ئالاھىدە يېڭى قۇراللاردىن پايدىلىنىش بىلىملىرىنىمۇ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.
بۇ ھەمكارلىقلارنىڭ دائىرىسى قانچىلىك، تەسىرى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى راتېناۋنى تەنقىت قىلغۇچىلار پەقەتلا مۆلچەرلىيەلمەيدۇ. گەرچە ئۇ، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن تۈزۈشكەن بۇ شەرتنامە گېرمانىيىنى قايتىدىن قۇراللاندۇرۇش جەھەتتە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ بېرىدۇ دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، گېرمانىيە كۈچلۈك بىر ئارمىيىگە ئىگە بولۇش كېرەك دەپ قارايدىغان نېمىسلار بۇنداق ھەمكارلىقنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىك دەپ قارىشىپ ئۇنى يەنىلا قىزىللىشىپ كېتىۋاتىدۇ دەپ تەنقىتلىشىدۇ. يەنى ئۇنىڭ بۇ تۈر ھەمكارلىقىنى نېمىسلارنىڭ يۈزىگە داغ چۈشەرگەنلىك دەپ ھېسابلايتتى. ئەسلىدە، راتېناۋ ۋېرسايىل شەرتنامىسىدا ۋەدە قىلىنغان كىشىنى چۈچۈتكىدەك ئېغىر ئىقتىسادىي تۆلەم ۋەدىسىگە رىئايە قىلىشقا غەيرەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن خېلى بۇرۇنلا غەرىپلىكلەرگە بويۇن ئېگىشنىڭ تىپىك ئۈلگىسى دەپ قارىلىۋاتاتتى. شۇنىڭدەك يەنە ئۇ باي بىر يەھۇدىي بولغاچقا، ناتسىستلار تەرىپىدىن يەھۇدىيلارنىڭ دۇنياغا غوجايىن بولۇشى ئۈچۈن يۇشۇرۇن پىلان تۈزۈش ھىلىمىكىرى بىلەن شوغۇللانماقتا دەپ قارىلىنىدۇ. ئاقىۋەت، 4-ئىيۇندا، ئىقتىدارلىق ۋەتەنپەرۋەر بولغان بۇ ئادەم، ئىككى نەپەر “ئەركىن كورپۇس” نىڭ سابىق ئەزاسى تەرىپىدىن قەست قىلىنىپ ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
يەنە شۇ كۈنى، باۋارىيىدىكى بۇ قورقۇنۇچلۇق ھەرىكەتنى پەيدا قىلغانلارنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي قولغا چۈشۈپ قاماققا ئېلىنىدۇ. ھىتلېر، تەرەپدارلىرىغا “بۇندىن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن، ئېرۇسالىمدىكى بىر ئۇچۇم زوراۋانمۇ خۇددى بۈگۈنكىدەك بىرسىنى جاللات ئالدىغا سۆرەپ كەلگەن ئىدى” دەيدۇ. شۇنىڭ كەينىدىنلا ھىتلېرمۇ “توپىلاڭ قىلىشقا كۈشكۈرتكەن” دېگەن جىنايەت بىلەن ستادېلخېيىم تۈرمىسىگە قامىلىدۇ. گۇندىپاي ئۇنى يۈز يۇيۇش يېرى بار بىر كامىرغا يېتىلەپ كىرىدۇ. ئاندىن “دوستانىلىق” بىلەن، باۋارىيىنىڭ ئاتاغلىق دراماتورگى لۇدۋىگ توما ،116 ئىنقىلابچى كۇرت ئېيسنېر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان داڭلىق كىشىلەرنىڭمۇ بۇ كامىردا ياتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. راتېناۋنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىق خەۋىرىدىن ھىتلېر ئۇنچە بەك خۇشال بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇنداق يالغۇز بېشىغا قىساس ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى تىلغا ئالغۇچىلىقى يوق ئەھمىيەتسىز ئىشلار دەپ قارىسىمۇ، بۇ تۈر سۈيىقەست ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىر سىياسىي ساۋاق بولىدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇمۇ پىكاۋىنىڭ كەينىگە كۈچلۈك چىراقلاردىن بېكىتىپ، پېيىغا چۈشكەن ماشىنا شوپۇرنى كۈچلۈك چىراق نۇرى بىلەن كۆزىنى قاماشتۇرۇپ ئاچالماس قىلىپ سۇيىقەستكە ئىمكان بەرمەيدىغان قىلىۋالىدۇ.
شۇ قېتىمقى سۈيىقەستتىن كېيىن، ۋېيمار ھۆكۈمىتى ئالدىراپ-تىنەپ «جۇمھۇرىيەتنى قوغداش قانۇنى» نى تۈزۈپ ئېلان قىلىدۇ. بۇ قانۇن، بەكلا رەھىمسىز بىر قانۇن بولۇپ، ئاساسلىقى رادىكال ئوڭچىل تېررورچىلىقنى چەكلەش مەقسەت قىلغان ئىدى. شۇڭا، بۇ قانۇن باۋارىيىنىڭ ھەر تۈرلۈك مىللەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا دۈچ كېلىدۇ. بۇ ھەقتىكى جىدەللەر ئايرىغىلى بولمىغىدەك ھالغا كەلگىنىدە، ھىتلېر، ستادېلخېيم تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ. ھىتلېر، داغ-دۇغىلىق سىياسىي سەھنىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ قاينام-تاشقىنلىق كۆزقاراشلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. تەخمىنەن بەش ھەپتىلىك تۈرمە ھاياتى جەريانىدا، ھىتلېرنىڭ كىتاب ئوقۇش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن شوغۇللىنىشتىن باشقا قىلغىدەك ئىشىمۇ يوق ئىدى. شۇڭا ئۇ، بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ يەھۇدىي دۈشمەنلىكى بىلەن ئۇلاردىن يىرگىنىشىنى نىسبەتەن سىستېمىلىق، مەقسىدىمۇ بىر قەدەر ئېنىق بولغان نەزىرىيە ھالىغا كەلتۈرۈش ئىمكانىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ، تۈرمىدىن چىقار-چىقماي ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ «جۇمھۇرىيەتنى قوغداش قانۇنى» غا رەددىيە بېرىش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىدۇ. ئۇ، تۈرمىدىن چىققان كۈنىسى «ئەركىن دۆلەتمۇ ياكى قۇللۇقمۇ؟» دېگەن تېمىدا شۇ چاققىچە سۆزلەپ باقمىغان ئىنتايىن ئۆتكۈر نۇتۇقتىن بىرنى سۆزلەيدۇ. بىر قارىماققا، ئۇنىڭ بۇ نۇتقىنىڭ تىغ ئۇچى يېڭى قانۇنغا قارىتىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تىغ ئۇچى يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان ۋە ئۇلارنىڭ دۇنياغا يالغۇز ھۈكۈمىرانلىق قىلىش ھىلىمىكىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا مەركەزلەشكەن ئىدى. يەھۇدىيلارنىڭ قانداقلارچە بۇنچە چوڭ ھوقۇقلارغا ئېرىشىۋالغانلىقى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلىرى ھېچ قاچان بۇنچە تولۇق، تەسىرىمۇ بۇنچە كۈچلۈك بولۇپ باقمىغان؛ ھىتلېر يەھۇدىي زوراۋانلىقى ئۈستىدە ھېچقاچان “بۇنچە مەنتىقىلىق، بۇنچە پاكىتلىق” سۆزلەپ باقمىغان ئىدى.
ھىتلېر، ئاۋازى پۈتۈن بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا ئېنىق ئاڭلىنىدىغان بۈرگېربراۋكېللېر پىۋىخانىسىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ نۇتقىنى ئاڭلاۋاتقان يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا، مىللەتچىلىك ۋە ئاممىۋى كۈچلەرنىڭ غايىسى بىلەن ئىنتېرناتسيونالىزمچى يەھۇدىيلار غايىسى ئوتتۇرىسىدا كېتىۋاتقان شىددەتلىك كۈرەشنىڭ پۈتكۈل ياۋروپا قىتئەسى بويىچە كەڭ قانات يېيىۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ. سوتسىيال دېموكراتىيە بىلەن كوممۇنىزمنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن كىشىمۇ بىر يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى؛ ئاكسىيە بىرژىسى بىلەن ئىشچىلار ھەرىكىتىنى تېزگىنلەپ يۈرگەنلەرنىڭمۇ يەنە شۇ يەھۇدىيلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ھىتلېر سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگىنىدە، ھەتتا سەھنىلەردە ئويۇن قويۇپ يۈرىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ سىكىلەك چېچىنى كەينىگە تاشلاش قىلىقىنىمۇ دوراپ مىتىنگدىكىلەرنى قاتتىق كۈلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن خۇشال بولغان يىغىن ئەھلى قۇلاقنى يارغۇدەك ئالقىش ياڭرىتىدۇ. ھىتلېر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەھۇدىيلار بۇزغۇنچى، بۇلاڭچى، قان شورىغۇچى تەييارتاپ! دەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، بولشېۋىك يەھۇدىيلار بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ ئاخىرقى جەڭگە ئاتلانماقتا، ئۇلار بۇ كۈرەشتە ئىككى تۈرلۈك غايىنى مەقسەت قىلغان دەپ كۆرسىتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ مەقسىدى “دۆلەتلەرنى قۇرالسىزلاندۇرۇش ھەمدە خەلقنى ئىدىيىۋى قۇرالدىن مەھرۇم قالدۇرۇش” دەيدۇ (1922-يىلقى ھىتلېر، يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلىش جەھەتتە پىكىرىنىڭ چوڭقۇرلىقى ۋە زەھەرلىكلىكى بىلەن گەۋدىلىنەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى شۇ يىللاردا ئۇنى  يېقىن ئۆتكەن ئادىمى جوزېف ھېل بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق سۆھبىتىدە ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن ئىدى. شۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ھېل، ھىتلېردىن ئەگەر يەھۇدىيلارغا تاقابىل تۇرۇشتا تولۇق ھوقۇقلۇق بولغىنىڭىزدا ئۇلارنى قانداق قىلار ئىدىڭىز؟ دەپ سۇئال قويغىنىدا ھىتلېرنىڭ چىرايى تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ كەتكەن. كۆزىنى دەرھال ھېلدىن ئېلىپ قېچىپ كۆككە تىككىنىچە ئاۋازىنى تەدىرىجى يوقىرى كۆتۈرۈپ سۆزلەشكە باشلىغان. ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى كىرىشىپ تىتىرەپ كەتكەن. “قاتتىق ۋارقىراپ سۆزلەشكە باشلىدى. شۇ پەيتتە گويا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان مىتىنگ مەيدانىدىكى خەلق ئاممىسى ئىدىم. ’ئەگەر مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە راستىنلا پۈتۈن ھوقۇقنى قولغا ئالالىغىدەك بولسام، قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىم، ئەڭ مۇھىم ئىشىم يەھۇدىيلارنى يوقۇتۇش بولاتتى. مەن ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزگىدەك بولسام، ھەممە يەرگە دارلارنى تىكتۈرىۋەتكەن بولاتتىم. مەسىلەن ميۇنخېننىڭ مارىيېن مەيدانىدا، قاتناشقا توسالغۇ بولمىغىدەكلا ئىمكانىيەت بولىدىكەن، بۇنداق دارلارنى كۆپلەپ تىكتۈرگەن، بۇ دارلارغا يەھۇدىيلارنى بىر-بىرلەپ ئېسىۋەتكەن، ئۇلارنىڭ جەسىدىنى تا سېسىپ پۇرىمىغىچە داردىن چۈشەرتمىگەن بولاتتىم. شۇ شەكىلدە دارغا ئېسىلغانلارنى داۋاملىق يېڭىلاپ، تاكى ميۇنخېندا دارغا ئاسقىدەك بىرمۇ يەھۇدىي قالمىغىچە دارغا ئېسىشنى توختاتمىغان بولار ئىدىم. باشقا شەھەرلەردىمۇ بۇ تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن ۋەتىنىمىز تەۋەسىدە بىرمۇ يەھۇدىي قالمىغانغىچە داۋاملاشتۇرغان بولاتتىم!' دەيدۇ.” — ئا. ھ. ئى). بۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدىيلار ئاشكارە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە جاسارەت كۆرسىتەلەيدىغانلىكى ئېغىزلارنى تۇۋاقلاشقا ئۇرۇنماقتا دەيدۇ. ھىتلېر، نۇتقىدا يەھۇدىيلار ھەققىدە يوقۇرقىدەك شىكايەتلەر بىلەن بىرەر سائەتتەك توختالغاندىن كېيىنلا ئاندىن رەسمى تېمىسىغا ئۆتىدۇ: “بىزگە مەلۇمكى، بۈگۈن بېرلىندىن كېلىۋاتقان ئاتالمىش «جۇمھۇرىيەتنى قوغداش قانۇنى» دېگىنى پەقەتلا تەنقىتنى باستۇرۇش، كىشىلەرنى سۆزلەش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنىڭ بىر تەدبىرى”117 شۇنىسى ئېنىقكى، مىللىي سوتسىيالىزمچى ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس دەيدۇ. ئۇ، يەنە خەلقنى بىۋاستە زوراۋانلىق كۈچ ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلىدۇ. “شۇڭا، مەن بۇ نۇتقىمنى تاماملاشتىن بۇرۇن ئاراڭلاردىكى ياشلارغا مۇنداق يېڭى بىر ئىشقا ئاتلىنىشىنى چاقىرىمەن. بۇنداق ئىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىمىزنى تەستىقلايدىغان سەۋەبلىرىمىز بار. بۇرۇن پارتىيىمىز ياشلىرىمىزنى سۆزلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكىلا يىتەكلەپ كەلگەن بولسا، ئەندى مەن ياشلارنى جىسمانى كۈچىنى ئىشقا سېلىش ئۈچۈن چېنىقىشقا چاقىرىمەن. مەن سىلەرگە شۇنداق چاقىرىق قىلىمەنكى، خەلقىنىڭ تەغدىرىنى تۈزەش يولىنى تاپالماي يۈرگەن ياشلار، ئەڭ ئاخىرقى چارىنى ئىشقا سالىدىغانلا بولىدىكە، بۇ يولنى چوقۇم تاپالايدۇ. ئەگەر ياشلىرىمىز پەلسەپەلىك جەھەتتىكى تەتقىقاتلار ئىچىگىلا پېتىپ قالسا، پۈتۈن ۋاقتىنى كىتابقىلا بېرىۋەتسە ياكى ئىسسىق ئۇچاق ئالدىدا ئولتۇرۇپ ۋاقت ئۆتكىزىشنىلا ئويلىسا، بۇنداق بىر ياش، نېمىس بولۇش ھەققىگە ئىگە ئەمەس! سىلەرگە شۇنى چاقىرىق قىلىمەنكى، ھەممىڭلار ھۇجۇمچىلار ئەترىتىگە بېرىپ قوشۇلۇڭلار!”
ئۇ، ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: ياشلىرىمىزنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىپە ھەقىقەتەنمۇ مۇشەققەتلىك، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بەلكىم ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەسلىكىڭلار، ئەكسىچە ھەممىدىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. “بىز بىلەن بىر سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقمۇ ھېچ قانداق بىر ئورۇنغا ئېرىشەلمەسلىكى، بولۇپمۇ قىلچىلىك ماددىي مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. ھەتتا دەل ئەكسىچە تۈرمىلەردە ئۆمۈر بويى چىرىپ يېتىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە رەھبەر بولماقچى بولىۋاتقان بىرسىدە چوقۇم ئېنىق بىر غايە بولىشى كېرەك. ئۇنداق بولماي، پەقەت بىرسىلىرىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىپلا بىرسىلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىشنى ئويلىغان بولىدىكەن، ئۇنداق بىر رەھبەر ھېچ قانداق بىر ئىشقا ئەسقاتمايدىغان رەھبەر ھېسابلىنىدۇ.” ھىتلېرنىڭ غايە ئۈچۈن جان پىدا قىلىش دېگەن بۇ چاقىرىقى يىغىن زالىدىكىلەرنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىۋېتىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە جەريانىدا، ھىتلېر يېڭى قانۇنغا ئىزچىل تۈردە رەددىيە بېرىش ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ. 16-ئاۋغۇست كۈنىگە كەلگەندە، ھىتلېر كۆنىگسىتراس مەيدانىدىكى ئاممىۋى يىغىننىڭ رەسمى چولپانىغا ئايلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىلىش ئەسلىدە “ۋەتەن بىرلىكسېپى” تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر مىتىنگ بولۇپ، ميۇنخېندىكى ھەر قايسى ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىشىپ قاتنىشىشى بىلەن شەكىللەنگەن ۋېيمار ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى قانۇنىغا ئورتاق نارازىلىق بىلدۈرۈش يىغىنى ئىدى. ھىتلېر قاتارىدىكى كىشىلەر يىغىن مەيدانىغا كېلىشتىن بۇرۇن يىغىن مەيدانى نىسبەتەن تىنچ ئىدى. تۇيۇقسىز يىراقتىن ھاياجانلىق داقا-دۇمباقلىق، ناغرا-سۇنايلىق ئىككى ئوركىستېر ئۈمىگى مەيدانغا كىرىپ كېلىدۇ. كەينىدىنلا ئارقىسى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان كرىست بەلگىلىك يەڭلىك تاقىغان كىشىلەر رەتلىك قەدەملەر بىلەن يىغىن مەيدانىغا كىرىدۇ. ئۇلار 6 گۇرۇپلۇق ئەتىرەت بولۇپ تىزىلىپ “مىللىي سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسى” دېگەن 15 تال بايراق كۆتۈرۈپ كېلىشىدۇ. نەچچە مىنۇتقا قالماي مەيداندا ھاياجانغا تولغان 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يىغىلىدۇ!
ھىتلېر يىغىن سەھنىسى ئالدىدا پەيدا بولغىنىدا، مەيداندىن كۆتۈرۈلگەن ئالقىش سادالىرى ئۇنچە بەك كۈچلۈكمۇ ئەمەس ئىدى. ئادولف، نۇتۇق سەھنىسىدە بىر مىنۇت ئۈن-تۈنسىز تۇرۇپ كېتىدۇ. ئاندىن نۇتقىنى باشلايدۇ. دەسلىۋىدە ئۇ نۇتقىنى بەكلا سىلىق باشلىغان بولۇپ، قىلچىمۇ ھاياجانلانماي سۆزلەيدۇ. يالقۇنلۇق مىللەتچىلەردىن بولغان كۇرت لۈدېك (ئۇ ئەسلىدە ھىتلېرنى شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم كۆرىشى ئىدى) كېيىنچە شۇ كۈنكى مەنزىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: “سەل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرقى چېكىگە يەتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى كىشىنىڭ ھېسسياتىنى ئالقىنىغا ئېلىپ پەۋقۇلئاددە تەسىر پەيدا قىلىۋەتكەن ئىدى.” ئەندى ئۇ ئىنتايىن ۋەھشى، باشقىلا قىياپەتكە كىرگەن بولۇپ، كىچىك ئىككى قولىنى تىنماي شىلتىپ سۆزلەيتتى؛ ئۆتكۈر كۈلرەڭ كۆك كۆزلىرى چاقناپ تۇراتتى؛ بىر تەرەپتىن كىشىلەرگە تەھدىت قىلغاندەك، يەنە بىر تەرەپتىن يالۋۇرغاندەك قىلىقلارنى قىلاتتى، دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، لۈدېكمۇ ئىختىيارسىز ھالدا ھىتلېرغا مەھلىيا بولۇپ خۇددى سىزىمىنى يوقاتقان، ھىپنوزلانغاندەك ھالغا كېلىپ قالغان. ئاخىرىدا، ھىتلېر دېگەن بۇ ئەسەبىي ئادەم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تۇيۇقسىزلا تەڭداشسىز بىر ۋەتەنپەرۋەر قەھرىمان، يەنە بىر لۇتېر بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. “ئۇنىڭ نېمىس ئەرلىرىدە قالدۇرغان تەسىرى، ئۇلارنى دەرھال قولۇڭلارغا قۇرال ئېلىپ ئاتلىنىڭلار دەۋاتقىنىدەك، خۇددى مۇتلەق ھەقىقەت دەپ تونۇلغان ئىنجىل ئايەتلىرىنى تەرغىپ قىلغاندەك قاتتىق تەسىر پەيدا قىلىۋەتتى.” نەتىجىدە، ھىتلېر بۇ مەيداندا قارغۇلارچە ساداقەت كۆرسىتىدىغان يەنە بىر ئەگەشكۈچىگە ئېرىشىدۇ.
لۈدېك، شۇ كۈنى ئاخشىمى ھىتلېرنىڭ يەنە بىر قېتىملىق نۇتقىنى ئاڭلايدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىن زىركۇس كروندا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىرسى لۈدېكنى ھىتلېرغا تونۇشتۇرىدۇ. بۇ چاغدا ھىتلېرنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كەتكەن، چىلىق-چىلىق تەر ئىچىدە قالغان ئىدى. ئۇنىڭ مۆرىسىدە ئاكوپلاردا كىيىدىغان يىرتىلىپ كىرلىشىپ كەتكەن ھەربىي پەلتو يېپىنچاغلىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ،118 لۈدېكنىڭ ئالدىدا تۇرغان بۇ ئادەم كەسكىن مىجەزلىك، غەيرەتلىك بىرسى بولۇپ كۆرۈنمەكتە ئىدى. ئەتىسى، ئۇ ئۆز تەغدىرىنى قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي پۈتۈنلەي ھىتلېرغا تاپشۇرىدۇ. ئۇ ئىككىسى تۆت سائەتتەك ئەركىن پاراڭلىشىدۇ. ئاندىن، بىر-بىرى بىلەن ھاياجانلانغان ھالدا قول ئېلىشىدۇ. “مەن ئۇنىڭغا روھىمنىمۇ ئاتىۋەتكەن ئىدىم” دەيدۇ لۈدېك.
6
«جۇمھۇرىيەت قوغداش قانۇنى» توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر، شۇنىڭدەك ۋېيمار بىلەن باۋارىيە ئوتتۇرىسىدا كۈنسايىن چوڭقۇرلىشىپ بېرىۋاتقان ھاڭ يەنە بىر سىياسىي ئۆزگىرىش پىلانىنى بىخلاندۇرماقتا ئىدى. سىياسىي ئۆزگىرىشنى نامىمۇ چىقمىغان ميۇنخېنلىق سەھىيە كادىرى بولغان ئوتتو پىتتىڭگېر ئىسىملىك بىر دوختۇر پىلانلىماقتا ئىدى. بۇ كىشى، نېمىس مىللى سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسى بىلەن باشقا مىللەتچى تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ باۋارىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سابىق باش مىنىستىر ۋون كاھرنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى تىكلەشنى پىلانلايدۇ.
شۇڭا، كۇرت لۈدېكنى، يەنى ھىتلېر يېقىندا ئۆزىگە قوبۇل قىلغان بۇ يېڭى مورتىنى بېرلىن تەۋەسىگە بېرىپ ھەمكارلىشىش ئېھتىمالى بار مەخپى سۈيىقەستچىلەرگە ئەڭ ئاخىرقى يوليورۇقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يولغا سالىدۇ. لۈدېك گېرمانىيىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن ئايلىنىپ “گېرمانىيىنىڭ پاۋۇل رېۋېر قىياپىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ”، مىللەتچىلەرنى ياتقان يېرىدىن تارتىپ تۇرغۇزىدۇ — كېيىن باۋارىيىدە ھېچ قانداق بىر ھادىسە يۈز بەرمىگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ پويىز ئارقىلىق ميۇنخېنغا قايتىپ كېلىدۇ، — بۇ ۋاقىت 1922-يىلى سىنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىدى، — دەرھال ماشىنىلىق پتتىڭگېرنىڭ شىتابىغا كېلىپ بۇ دوختۇرنى تاپىدۇ. “بۇ قانداق بىر سىياسىي ئۆزگىرىش؟” دەيدۇ لۈدېك ئەيىپلىگەن ھالدا. ئەمما “كۆزئەينەكلىك ھاكاۋۇر” پىتتىڭگېر، لۈدېكقا پەرۋامۇ قىلماي مەرسەدېس ماركىلىق پىكاۋىغا ئولتۇرغىنىچە دەم ئېلىش ئۈچۈن ئالپىس تاغلىرىغا قاراپ يولىغا راۋان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ قوزغىلاڭ پىلانىمۇ ئۈن-تۈنسىز جىمىپ قالىدۇ. پەقەت سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسىلا بۇ ھەقتىكى تەييارلىقىنى داۋام قىلدۇرىدۇ. ئەمما بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ داھىيسى قورقۇپ يوشۇرىنىۋالغان ئىدى. لۈدېك، ئاخىرى بىر بىنانىڭ ۋەيرانە بالكون قەۋىتىدە ھىتلېرنى تاپىدۇ. بۇ يەردە ئۇنىڭغا  يۇغان بىر بۆرى ئىت بىلەن مۇھاپىزەتچىسى گراف ھەمراھ ئىدى. لۈدېكقا “مەن تەييارلىقىمنى پۈتتۈرۈپ بولدۈم. مېنىڭ ئادەملىرىممۇ تەييار! — دەيدۇ ھىتلېر غەزەپلەنگەن ھالدا، — بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئۆز ئالدىمغا يالغۇز ھەرىكەت قىلىمەن، — دېگىنىچە ھېچكىم ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭماي ئۆزى يالغۇز قالسىمۇ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، — بۇندىن كېيىن پىتتىنگېر دېگەندەك نەرسىلەرگە، ۋەتەن جەمئىيىتى دېگەندەكلەرگە يالۋۇرۇپ يۈرمەيمەن. مەن پەقەت بىرلا پارتىيىگە، ئۆزىمىزنىڭ پارتىيىسىگە تايىنىپلا بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ھەي شۇ كاتتا ئەپەندىلەر، شۇ كاتتا بايىۋەتچىلەر بىلەن شۇ گېنېراللار — ئۇلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىكەن. بۇ ئىشنى ئۆزەم قىلىمەن، يالغۇز قىلىمەن!”
شۇ يىلىنىڭ باشلىرىدا، ھىتلېر، ئارتۇر مۆللېر ۋون دېن برۇك (بۇ كىشى «ئۈچىنچى ئىمپىرىيە» دېگەن بىر كىتاب يېزىش بىلەن مەشغۇل ئىدى) قا مۇنداق دەپ ئېتراپ قىلغان ئىدى: “مېنىڭدە سىزدە بار نەرسىلەردىن بىرسىمۇ يوق ئىكەن. سىز گېرمانىيىنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئۈچۈن روھى ئۇزۇق يارىتىپ كېلىۋاتىسىز. ئەمما مەن پەقەت قۇرۇق بىر دۇمباقچىمەن، مېنىڭ قولۇمدىن ئادەم توپلاشتىن باشقا ئىش كەلمەيدىكەن. شۇنداق بولغاچقا ئىككىمىز بىرلىشىپ ھەركەت قىلساق قانداق؟” مۆللېرنىڭ لايىھىلىگىنى بىر خىل مىللىي سوتسىيالىستىك ئاپتونومىيە بولغاچقا، ھىتلېرنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىدۇ. كېيىن ئۇ بىر كەسىپدىشىغا “بۇ مەخلۇق ھەرگىزمۇ بۇ ئورگاننى قولغا ئالالمايدۇ. مەن ئۆلسەممۇ ئۇنى ئىشخانامدا كۆرۈشنى خالىمايمەن” دېگەن.
بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرىمىز دەپ پىتتىڭگېر تەرىپىدىن ئىزاغا قالدۇرۇلغان ھىتلېر، بۇ ئىشلاردا قەتئىي تۈردە ئۆزەم داھىي بولۇپ ئىش قىلىشىم كېرەك ئىكەن دېگەن تەجرىبىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇنداق ئويغا كەلگەنلىكىدىن لۈدېك بەكلا خۇشال بولىدۇ. شۇڭا ئۇ دەرھال پارتىيىمىز مۇسسولىننىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلانسا قانداق دەپ تەكلىپ قىلىدۇ. شۇ كۈنلەردە مۇسسولىن ئىتالىيىنىڭ داھىيسىغا ئايلىنىش يولىدا كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ فاشىزم ھەرىكىتىمۇ ئەسلىدە بىر مىللەتچىلىك ھەرىكىتى، ھەمدە سوتسىيالىزم ھەرىكىتى، بولشىۋېكچىلىققا قارشى بىر ھەرىكەت ھېسابلىناتتى؛ ئۇنىڭ قارا كۆڭلەكلىكلەر پارتىيىسى يېقىندا راۋېننا بىلەن بىرگە ئىتالىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىنىمۇ قولغا ئالغان ئىدى.119 لۈدېك، ئۆزىنى كۆرسىتىۋېلىش مەقسىتىدە ھىتلېرغا ۋاكالىتەن ئىتالىيىگە بېرىپ مۇسسولىننىڭ بىزگە پايدىلىق ئىتتىپاقداش بولۇشقا شەرتى توشامدۇ-توشمامدۇ، بىلىپ كېلىشكە تەييارمەن دەيدۇ.
مۇسسولىن گەرچە ھىتلېر دېگەن بىرسىنى پەقەتلا ئاڭلاپ باقمىغان بولسىمۇ، يەنىلا لۈدېكنى مىلاندا قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. ۋېرسايىل  شەرتامىسى بىلەن خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە مەسىلىلىرىدە ھىتلېرنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، يەھۇدىيلارغا قارشى تەدبىر مەسىلىسىدە ئېنىق بىر نېمە دېمەي تىلىنى چايناپ تۇرىۋالىدۇ. لۈدېكقا بەكىرەك ياققىنى، مۇسسولىندىن، ئەگەر ئىتالىيە ھۆكۈمىتى تەلىۋىڭىزگە كۆنمىسە ھۆكۈمەتكە قارشى قۇرال ئىشلىتەرسىزمۇ دەپ سورىغىنىدا مۇسسولىننىڭ بەرگەن كەسكىن جاۋابى ئىدى: “بىز بىر دۆلەت قۇرماقچىمىز. — دەيدۇ خۇددى بىر پادىشاھتەك قەتئىي تەلەپپۇزىدا، — چۇنكى بۇ، بىزنىڭ غايىمىز.”
لۈدېك، ھىتلېرغا ئىتالىيە زىيارىتىدىن ھەۋەسلەنگەن ھالدا مەلۇمات بېرىپ، مۇسسولىن بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا ئىتالىيىنى قولغا ئېلىشى مۇمكىندەك قىلىدۇ دەيدۇ. ئۇ يەنە، فاشىزم بىلەن ناتسىستىزم ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوخشاشلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىدۇ. يەنى بۇ ئەقىدىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىلا قىزغىن مىللەتچى ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككىسىلا ماركسىزم بىلەن پارلامېنتارىزمغا قارشى ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككىسىلا يېڭى تۈزۈم تىكلەش ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، بۇ ئىككىلا داھى بىر-بىرسىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، ھەر ئىككىسىنىڭلا خەلق ئارىسىدىن كەلگەنلىكىنى، ئىككىسىلا جەڭ مەيدانىدا پىشىپ يېتىلگەن پىشقەدەم سەركەردىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
ھىتلېرنى ئەڭ بەك قىزىقتۇرغىنى، مۇسسولىننىڭمۇ قۇراللىق كۈچكە تايىنىپ ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئالماقچى ئىكەنلىكى ئىدى. كېيىن لۈدېك ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: “ھىتلېر قارا كۆڭلەكلىكلەرنىڭ بولشېۋىكلەشكەن شەھەرگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۇ يەرنى ئىگەللىۋالغانلىقىنى، شەھەر قوغداۋاتقان قىسىملار بىتەرەپ تۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ھەتتا بەزى يەرلەردە مەردانىلارچە قارا كۆڭلەكلىكلەرگە تۇرىدىغانغا ياتاق ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭمۇ خىيالىغا بىر ئىشلار كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.” بۇ ئىش، جاسارەت كۆرسىتىلىدىغانلا بولىدىكەن تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى!
ھىتلېرمۇ، مۇسسولىن قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىنىڭ تۈرتكىسى ھەمدە باۋارىيە تەۋەسىدىكىلەرنىڭ ئۇنى بارغانسىرى كۈچلۈك ھىمايە قىلىش نەتىجىسىدە شۇ يىلى كۈزدە قۇراللىق كۈچىنى كۆرسىتىشكە بەل باغلايدۇ. ئۇ، يوقىرى باۋارىيىدىكى كوبۇرگ دېگەن كىچىك بىر شەھەرنى قوزغىلاڭ باشلاش نوقتىسى قىلىپ تاللىۋالىدۇ. بۇ شەھەر ميۇنخېننىڭ شىمالدا 160 مىل يىراقلىقتىكى بىر يەر ئىدى. شۇ كۈنىسى، شۇ يەرلىك بىر قانچە ئاممىۋىي جەمئىيەتلەر پائالىيەت تەشكىللەپ “گېرمانىيە كۈنى” نى تەبىرىكلىمەكچى بولىۋاتقان ئىدى. بۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق مېھمىنى كوبۇرگ گېرتسوگى بىلەن گېرتسوگ خانىمى ئىدى. ئۇلار ئىككىسىلا ئاشكارە مىللەتچى بولۇپ، گېرتسوگ خانىم يەنە كېلىپ مەرھۇم رۇسىيە چار پادىشاھىنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرى ئىدى.
ئۇلار ھىتلېرنى “بىر قانچە ھەمراسى” بىلەن بىرگە كېلىپ بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ بېرىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ. يولغا چىقىشتىن ئاۋال ھىتلېر بۇ مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنىشىنى كەڭ مەنىدە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ. 1922-يىلى 14-ئۆكتەبىر (شەنبە كۈنى) چۈشتىن بۇرۇن، ئالتە يۈزگە يېقىن ئېس-ئاچىلار بىلەن بىرلىكتە (كۆپ قىسمى يول كىراسىنى ئۆزلىرى چىقىرىدۇ) مەخسۇس پويىز بىلەن ميۇنخېندىن يولغا چىقىدۇ. ئېس-ئاچىلارنىڭ ھەر بىرسى ئىككى كۈنلۈك يەيدىغىنىنى يېنىغا ئېلىپ خۇددى يازلىق تەتىلگە ماڭغاندەك 42 كىشىلىك ئوركىستىر مۇزىكىسىنىڭ رېتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ ماڭغىنىچە پويىزغا چىقىدۇ.
بۇ كىشىلەر قىزغىن كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن ساياھەتكە چىققاندەك خوشال سەپەر قىلىشىدۇ. ھەتتا ھىتلېر ئولتۇرغان ۋاگوندىمۇ بايرام مەنزىرىسى بار ئىدى. ھىتلېر بىلەن بىرگە كامىردا جەمئى يەتتە كىشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇنىڭ يېقىن ئادەملىرى، ئوڭ-سول قول ياردەمچىلىرى ئىدى: يەنى بۇ كىشىلەر سابىق ئون بېشى (ماكس ئامان)، چېلىشچى (گراف)، ئات سودىگىرى ھەم قاۋاقخانا قوغدىغۇچىسى (كرىستيان ۋېبېر)، سابىق كوممۇنىست ھەم بروشۇر يازغۇچىسى (ئېسېر)، ئارخىتىكتور (روزېنبېرگ)، يازغۇچى (ئېكارت) ۋە ئۆزىنى ماجىراچى دەپ ئاتىۋالغان بىرسى (لۈدېك) قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە لۈدېكنى بەكرەك قىزىقتۇرغان ئىككى كىشى بار بولۇپ، بىرسى خوشخۇي مىجەزلىك ئېكارت ئىدى، “بۇ كىشىنىڭ قابىلىيىتى بىلەن بىلىمى ھەممىنى تاڭ قالدۇراتتى” دەيدۇ لۈدېك. ئۇنى قىزىقتۇرغانلاردىن يەنە بىرسى بولسا روزېنبېرگ دېگەن مۇز چىراي بىرسى ئىدى. بۇ ئادەم شۇنداق ھۈمىيىپ ساڭا تىكىلىپ تۇرۇغلۇقمۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ كىم يوقتەك بۇتتەك قاراپ ئولتۇراتتى.120
پويىز تېخىمۇ كۆپىرەك ئادەم ئېلىۋېلىش ئۈچۈن نيۇرېمبېرگدا يېرىم سائەتتەك تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئوركىستىر يەنە بىر قېتىم مۇزىكا باشلايدۇ. پويىزدىكىلەرمۇ ۋارقىراشقىنىچە پەنجىرىدىن كرىست بايراقلىرىنى چىقىرىپ لەپىلدىتىشكە باشلايدۇ. تاماشا كۆرگۈچىلەر بۇ كەلگەنلەرنىڭ قايسى سىرىك ئۈمىگى ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن كېلىپ پويىزنى ئورىۋېلىشىدۇ. يان يولدا توختىغان يەنە بىر پويىز ۋاگونىدىكى يەھۇدىيلار، كرىست بەلگىلىك بايراقلارغا قاراپ چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ كېتىشىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھىتلېرنىڭ شەخسى شوپۇرلىقىنى قىلىدىغان جولىئوس شرېك “دەرھال يەھۇدىيلار ئارىسىغا ئېتىلىپ كىرىپ ئۇلارنى بىر مۇنچە ئەدەپلەپ” قىزىق ئويۇن چىقىرىپ بېرىش بىلەن بۇ يەردىكى قىزىقچىلىقلار ئاخىرلىشىدۇ.
پويىز كوبۇرگ ئىستانسىسىغا كىرگىچە ئېس-ئاچىلارنىڭ سانى 800 گە يەتكەن ئىدى. ھىتلېر سۈرلۈك قىياپەتتە پويىزدىن چۈشىدۇ. ھىتلېر، بۇ يەردىكى سوتسىيالىزمچىلار بىلەن كوممۇنىزىمچىلارنىڭ سانى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ شەھەرنى جەڭ مەيدانى قىلىپ تاللىۋالغان ئىدى. ھىتلېر بۇ يەردە خۇددى مۇسسولىنغا ئوخشاش ئۇلارنى لاگىرلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. تېخى ئەندىلا ئىككى يىللىق باۋارىيىلىككە ئايلانغان كوبۇرگ خەلقى، بۇ كىشىلەرنىڭ ۋارقىراپ-جاقىراشقىنىچە كاناي-سۇنايلىرىنى چېلىشىپ قىزىل بايراقلارنى لەپەڭشىتىپ ھىتلېرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ سەھنىگە چىقىپ كېلىشىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كېتىشىدۇ. ئوركىستېر مارشقا چېلىشقا باشلىشى بىلەن تەڭ، ئېس-ئاچىلار مارشقا دەسسىگىنىچە شەھەر ئىچىگە كىرىپ كېلىدۇ. ئەڭ ئالدىدا 8 نەپەر قىسقا خۇرۇم ئىشتانلىق باۋارىيە پالۋانلىرى قولىدا تۆمۈر زىخلىق ھاسسا،  ئۇلارنىڭ كەينىدىن قىزىل ۋە قارا بايراقلار سەپ بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. ھىتلېر بولسا 7 نەپەر ھەمرايى بىلەن بايراقلىقلارنىڭ كەينىدىن پىيادە ماڭىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ كەينىدە بايىقى 800 كىشىلىك ئېس-ئاچىلار قوشۇنى قوللىرىدا شلانكا ياكى خەنجەر، رېتىملىك قەدەملەر بىلەن ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۇچىسىدا ئۆڭۈپ كەتكەن ياماق چۈشكەن كۈلرەڭ ھەربى فورما، يەنە بەزىلىرى ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كېيىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر ئورتاق بەلگىسى سول بىلىكىدىكى كرىست بەلگىلىك يەڭلىكى ئىدى. ھىتلېرنىڭ قىياپىتىمۇ باشقىلاردىن پەرقى يوق ئىدى. بىرلا ئوخشىمايدىغان يېرى، ھىتلېر ھەربى پەلتو كىيىۋالغان بولۇپ، بېلىنى تاسما بىلەن چىڭ باغلىغان، بېشىدا قالپاق، پۇتىغا موزاي تېرىسىدە غەلىتە بىر ئۆتۈك كىيىۋالغان ئىدى.
بىر توپ ئىشچى ئىككى تەرەپتىن ئۇلارغا ئېتىلىپ كېلىپ “قاتىللار! بۇلاڭچىلار! دېڭىز قاراقچىلىرى! جىنايەتچىلەر!” دەپ ۋارقىراشقا باشلايدۇ. ئەمما ناتسىستلار قوشۇنى ئۇلارغا پەرۋايى پەلەك، تەكشى قەدەملەر بىلەن يولىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. يەرلىك ساقچىلار بۇ نامايىش قوشۇنىنى شەھەر مەركىزىدىكى خوفبراۋخاۋس پىۋىخانىسىغا باشلاپ بېرىپ ئىشىكنى سىرتىدىن قۇلۇپلىماقچى بولغاندا، ھىتلېر ئادەملىرىنى ئاتىش مەيدانىدا چۈشكۈن قىلىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئېس-ئاچىلار قايتىدىن داقا-دۇمباقلار بىلەن دۈشمەنلىك كۆزى بىلەن قارىشىپ تۇرغان شەھەر خەلقىنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ شەھەر سىرتىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ چاغدا تۇخۇمەك تاشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا يامغۇردەك يېغىشقا باشلايدۇ؛ ھىتلېر قامچىسىنى بىرلا ئويىنىتىۋىدى ئېس-ئاچىلار دەرھال شلانكا-توخماقلار بىلەن تاش ئاتقان كىشىلەر توپىغا ئېتىلىپ بېرىپ باش-كۆزلىرىگە ئۇرۇشقا باشلايدۇ. كىشىلەر توپى ئۈركۈپ چېكىنىشكە باشلىغاندىن كېيىن قوشۇن ئالغا ئىلگىرلىشىنى داۋام قىلىدۇ. نامايىشچىلار قوشۇنى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بىلەن بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمنى چېكىندۈرگەن ئەسكەرلەردەك مەغرۇر قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلەيدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى ئەڭ مەغرۇر ھېساپلىغىنى بۇ سىناقتىن ئۆتكەنلىكىدىن خوشال بولۇپ كەتكەن لۈدېك ئىدى. ئۇ، تۆۋەن تەبىقە كىشىلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالالىغانلىقىدىن مەغرۇر ئىدى. “كىيىملىرىنىڭ سۈپىتى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، كىشىلەر قەھرىمانلارچە جەڭ قىلدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەنلەر چوقۇم مېنىڭ كېيىمىمنى تىككەن تىككۈچىنىمۇ كەچۈرۈم قىلدى ھەقىچان” دەپ ئويلايتتى.
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، يەنى يەكشەنبە كۈنى، سولچى ئۇنسۇرلار ئاممىۋىي نامايىش قىلىپ، “ناتسىستلارنى قوغلاپ چىقىرايلى!” دەپ شۇئار توۋلىشىدۇ. بۇ نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى تەخمىنەن ئون مىڭ كىشىگە يېتەتتى. ئۇلار مەيدانغا يىغىلىدۇ. ئەمما ئۆكتىچىلەر قوشۇنى سان جەھەتتىن بەكلا ئۈستۈن بولۇپ ھىتلېرنىڭ پىلانىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىش خەۋىپى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ، “بىر ھۇجۇم بىلەنلا قىزىللار تېررورچىلىقىنى مەڭگۈلۈك بېسىقتۇرىۋېتىش” ئىرادىسىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ ۋاقىتقىچە كۆپىيىپ بىر يېرىم مىڭ كىشىگە يەتكەن ئېس-ئاچىلار قوشۇنىنى يان يوللار بىلەن مەيداندىن ئايلاندۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ كوبۇرگ شەھەر قەلئەسىگە قاراپ ئىلگىرلىتىدۇ. چۈش ۋاقتىدا، ھىتلېر ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش ئەترىتىنى باشلاپ مەيدانغا يېتىپ بارغىنىدا، مەيداندا ئارانلا نەچچە يۈزدەك ئۆكتىچىنىڭ بارلىقىنى كۆرىدۇ. ئالدىنقى كۈنى شەھەر خەلقى پىيادىلار يولىدا تۇرۇپ نارازى قاراشلىرى بىلەن ئېس-ئاچىلارنىڭ پارات قىلىپ ئۆتىشىنى ئۈن-تۈنسىز كۈزىتىشكەن ئىدى. مانا بۈگۈن، خەلق دېرىزىلىرىگە يۈزلەرچە ئىمپىرىيە بايرىقىنى ئېسىۋەتكەن،121 يول بويىدا قاتار تىزىلغان دوستانە كۆرۈنۈشتىكى خەلق، غەلىتە بەلگىلەرنى تاقاشقان مىللەتچى سوتسىيالىزم پارتىيە ئەزالىرىنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋالىدۇ. ئۇلار قىزىللارنىڭ كوبۇرگ شەھىرىنىڭ بارلىق چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدىكى ھاكىممۇتلەقلىقىگە خاتىمە بەرگۈزگەن كىشىلەر بولغاچقا، بۈگۈن ئۇلار قەھرىمانلار قاتارىدا كۈتىۋېلىنماقتا ئىدى. “مانا بۇ، بۇرجۇئازلارنىڭ تىپىك ئۈلگىسى. — دەيدۇ ھىتلېر يېنىدا كېتىۋاتقانلارغا، — خەۋپ يېقىنلاشقاندا قورقۇپ قاچىدىغان، ئىش تۈگىگەندە پو ئېتىشىدىغان خاراكتېر، بۇرجۇئازىيىنىڭ تىپىك مىجەزى!”
كوبۇرگ ھىتلېرغا شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ئۇنىڭ ھۇجۇمچىلار ئەتىرىتىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە مۇسسولىندىن قېلىشىدىغان يېرى يوق ئىدى. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە، مۇسسولىن يەنە بىر ئۈلگە تىكلەپ بېرىدۇ: 28-ئۆكتەبىر كۈنى، مۇسسولىننىڭ قارا كۆڭلەكلىكلىرى رىمغا قاراپ پىيادە يۈرۈش قىلىپ (مۇسسولىن ئۆزى پويىزلىق)، بۇ شەھەرنى ئىگەللىۋالىدۇ. ئارىدىن 4 كۈن ئۆتكەندە، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ئېسېر ھىتلېرنىڭ تونۇشتۇرغۇچىسى سۈپىتى بىلەن خوفبراخاۋستىكى زىياپەت زالىدا “گېرمانىيىنىڭ مۇسسولىنى — بىزنىڭ ھىتلېرىمىز!” دەپ ئېلان قىلىدۇ.

5. شەپقەتسىز ۋە مېھرىبان
1922-يىلىدىن 1923-يىلىغىچە122

1

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-24 07:43:09 | ئايرىم كۆرۈش

5. شەپقەتسىز ۋە مېھرىبان
1922-يىلىدىن 1923-يىلىغىچە122

1
ھىتلېر، 1922-يىلىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئۆز ئەتىراپىغا تۈرلۈك سىنىپلارغا تەۋە كىشىلەرنى يىغىشقا كىرىشىدۇ. بۇ كىشىلەر بىر-بىرسىدىن بەكلا كۆپ پەرق قىلاتتى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئاساسەن ھىتلېرغا ئوخشاش مىللەتچىلىكنى ھىمايە قىلىدىغان، ماركسىزم دېسە دەرھال سۈر باسىدىغان كىشىلەردىن ئىدى. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئىككى نەپەر ليوتچىكمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى ھېرمان گيۆرىڭ دېگەن كىشى ئىدى. بۇ كىشى بۇرۇن بىرىنچى دەرىجىلىك كۈرەش ئايروپلان ليوتچىكى، ئاتاغلىق “رىچتوفىن ئۇچقۇچىلار ئۆمىكى” نىڭ ئەڭ ئاخىرقى كوماندىرلىرىدىن بىرى ئىدى؛ يەنە بىرسى رۇدولف ھېس بولۇپ، بۇ كىشى ئۇرۇشنىڭ باشلىرىدا ھىتلېر تۇرغان پولكنىڭ بىر ئوفىتسېرى ئىدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا ئاۋىئاتسىيە ليوتچىكى بولغان. گەرچە بۇ كىشىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىلا ھاللىق ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرى بولسىمۇ، ھىتلېرنى گېرمانىيىنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بىردىن-بىر ئادەم دەپ قاتتىق ئىشىنەتتى. ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشلىرى، مىجەز-خاراكتېرلىرى بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان كىشىلەر ئىدى.
گيۆرىڭ بەكلا يەڭگىل مىجەزلىك، ئۆزىگە ھەيۋەتلىك تۈس بېرىشكە ئامىراق، ئوچۇق مىجەزلىك، چىقىشقاق، ھەمدە ھەر دائىم دوستلىرىنى باشقۇرۇپلا يۈرىدىغان بىرسى ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى رايونلۇق سوتچى بولغان، كېيىن بىسمارك تەرىپىدىن ئىمپېرىيىنىڭ غەربى جەنوبى ئافرىقا ھەيئەت ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن؛ ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن بولۇپ، 8 پەرزەنت كۆرگەن ئىدى. گيۆرىڭ بالىلارنىڭ كەينىدىن ئىككىنچىسى ئىدى. گيۆرىڭ ئەسلى بىر ئىلمى خادىم بولىشىغا قارىماي كەسىپىگە بەك قىزىقمايدىغان، پۈتۈن قەلبى بىلەن ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بىرسى ئىدى. ئۇ روھانىي ئاتىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ “پروسىيە خانلىق ياشلار قوشۇنى” غا قېتىلغان، جەڭلەردە نام چىقارغان، 27 قېتىم ھاۋا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ ئەڭ يوقىرى ھەربى مېدال — “تۆھپىكار ئوردىنى” غا ئېرىشكەن بىرسى ئىدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىۋىتسىيە ئاۋاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇچقۇچىسى بولىدۇ. گيۆرىڭ نىكاھلىق كارىن ۋون كانتزوۋ دېگەن بىر ئايال بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشىدۇ. كارىننىڭ ئاتىسى شىۋىتسىيە ئاقسۈڭەكلەر ئائىلىسىدىن كەلگەن بىرسى بولۇپ، ئاپىسى ئېرلاندىيىلىك بىر ھاراق زاۋۇتى كاپىتالىست ئائىلىسىدىن ئىدى.123 كارىن ئاجرىشىش رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرىشى ھامان گيۆرىڭ بىلەن توي قىلىدۇ. گيۆرىڭ، ئەسلىدە شىۋىتسىيىدە ماكانلىشىپ خاتىرجەم تۇرمۇش كۆچۈرىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇ، “ۋېرسايىل  نۇمۇسىنى تازىلاش، مەغلوبىيەت نۇمۇسىنى تازىلاش، پروسىيە قەلبىنى ئوتتۇردىن يېرىپ ئۆتكەن دانزىك كورىدورىنى قايتۇرىۋېلىش” نىلا ئويلاپ، گېرمانىيىگە قايتىپ كېتىش ئارزۇسى ئىچىدە پۇچۇلماقتا ئىدى. ئۇ، ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئوقۇشقا كىرىپ، تارىخ پەنلىرى بىلەن سىياسەتشۇناسلىقنى ئۆگىنىدۇ. ئەمما ئۇ رېئال سىياسەتكە بەكرەك قىزىقاتتى. شۇڭا ئۇ، جەڭ مەيدانلىرىدا چېنىقىپ چىققان ئوفىتسېرلار ئىچىدە ئۆز ئىنقىلابى پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. “ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايدىغىنى، بۇ ئوفىتسېرلار ياتقىدەك بىرەر جاي تېپىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىۋاتقىنىدا، ’ھۇ دۆت كالىۋالار! — دېدىم مەن يىغىندىكىلەرگە، — سىلەرچە، شۇنچە چېنىققان بىر ئوفىتسېر ياتقىدەك بىرەر كارىۋاتلىق يەرمۇ تاپالماسمۇ؟ چىرايلىق بىرەر قىز بىلەن بىرگە ياتىدىغانغىمۇ بىرەر ئورۇن تاپالماسمۇ؟ ھۇ ئاناڭنى …، ئالدىمىزدا قىلىدىغانغا شۇنچە كۆپ ئىش تۇرۇغلۇق مۇزاكىرىگە قويغان نەرسەڭلار شۇمىدى سىلەرنىڭ؟‘ — قايسى بىرسى يۈزىنى پۈرۈشتۈرىۋىدى ئۇنىڭ بېشىغا بىرنى قويدۇم. كۆپچىلىك بۇنىڭدىن قاتتىق بىر كۈلىۋېلىشتى. يىغىنمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.” شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىنقىلابى پارتىيە قۇرۇپ رەھبەرلىك قىلىش ئارزۇسىغىمۇ خاتىمە بېرىدۇ. 1922-يىلى كۈزدىكى بىر قېتىملىق مىتىنگتە، گيۆرىڭ ئەگەشكىدەك ھەقىقى رەھبەردىن بىرنى تېپىۋالىدۇ. بۇ مىتىنگ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيىدىن ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىشىغا نارازىلىق كۆرسىتىش مەقسىتىدە كۆنىگسپلاتز مەيدانىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق ئاممىۋىي يىغىن بولۇپ، مىتىنگتە ھەر قايسى پارتىيە-گۇرۇھ ۋەكىللىرى كەينى-كەينىدىن سەھنىگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئارقىدىن، خەلق ئاممىسى نۇتۇق سۆزلىشىنى تەلەپ قىلىپ “ھىتلېر، ھىتلېر!” دەپ قاتتىق ۋارقىرىشىدۇ. قىزىق، ئەسلىدە ھىتلېرمۇ دەل گيۆرىڭ بىلەن كارىن ئىككىسىنىڭ يېنىدىلا بېر يەردە تۇرغان ئىكەن (ئۇ ئىككىسى يىل بېشىدا توي قىلىۋالغان ئىدى). دەل شۇ پەيتتە، گيۆرىڭ، ھىتلېرنىڭ “مەن بۇ قولغا كۆندۈرۈلگەن بۇرجۇئازىيە دېڭىز قاراقچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلەشنى ھەرگىز خالىمايمەن” دېگىنىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. شۇ چاغدا، ھىتلېرنىڭ ئۇچىسىدا ھەربى پەلتو، بېلىدە كەمەر بار ئىدى. ئۇنىڭ تۇرقىدىكى نېمىدۇ-بىر نەرسە گيۆرىڭنى ئۆزىگە تارتقاندەك قىلىدۇ. شۇڭا، گيۆرىڭ بېرىپ نيۇمان ئۆز كۈچىگە تايىنىش رېستۇرانتىدا ئۇلارنىڭ بىر قېتىملىق پارتىيە يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. “مەنمۇ ئۆزەمنى بىلىپ زالنىڭ كەينى بىر يەردە ئولتارغان ئىدىم. ئىسىمدە قېلىشىچە، شۇ چاغدا يىغىندا روزېنبېرگ بار ئىدى. ھىتلېر نېمە ئۈچۈن مىتىنگدە سۆزگە چىقمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ سۆزلەۋاتاتتى: ئۇلاردەك ئۇنداق سىلىق-سىپايە سۆزلىسەڭ، فرانسۇزلارنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىغىمۇ دەخلى قىلالمايسەن. شۇڭا سەن تەھدىت سېلىۋاتقان كۈچكە نەيزە سانچىلغاندەك كۈچلۈك سۆز قىلالىشىڭ كېرەك دەيدۇ. شۇنداق، مانا بۇ گەپلەر مېنىڭ ئارزۇيىمدىكى گەپلەر ئىدى. ئۇنىڭ قۇرماقچى بولىۋاتقان پارتىيىسىمۇ گېرمانىيىنى قۇدرەت تاپتۇرالايدىغان، ۋېرسايىل شەرتنامىسىنى پاچاقلاپ تاشلىيالايدىغان بىر پارتىيە بولىشى كېرەك ئىدى. توغرا، — دېدىم ئىچىمدە، — مانا مۇشۇنداق بىر پارتىيىلا ماڭا مۇۋاپىق كېلىدىغان پارتىيە بولالايدۇ! يوقالسۇن ۋېرسايىل  شەرتنامىسى! ئاناڭنى، مانا بۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى پارتىيە!”
گيۆرىڭ پارتىيە مەركىزىگە كىرىپ پارىتىيىگە كىرىش ئىلتىماس جەدۋىلىنى توشقۇزىدۇ. بۇنداق بىر ئۇرۇش قەھرىمانىنىڭ شۇنچە ۋەيرانە بىر ئىشخانىدا پەيدا بولىشى ھەقىقەتەنمۇ ھەممىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر ۋەقە ئىدى. گيۆرىڭ شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ كېلىپ، “دېگەندەك، بىرسى ماڭا، ھىتلېر دەرھال سېز بىلەن كۆرۈشمەكچى دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.” سالاپەتلىك كۆرۈنۈشلۈك گيۆرىڭنى ھىتلېر بىر كۆرۈپلا قايىل بولىشى ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان بۇ ئادەم، چاقناپ تۇرغان سۈزۈك كۆزلۈك، ئىگىز بويلۇق، ئاق قىزىل تەنلىك شىمالى ياۋروپالىق بىرسى ئىدى. گيۆرىڭ شۇ كۈننى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: “ھىتلېر ماڭا، مەن ئېس-ئاچىلار ئەترىتىگە مەسئۇل بولىدىغانغا ئادەم تاپالماي يۈرگىنىمنىڭ ئۈستىگە سىز كىرىپ كەلدىڭىز، بۇ ھەقىقەتەنمۇ تەلەي ئىشى دېدى”. ئۇلار ئۇنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى بىرەر ئايدىن كېيىن ئېلان قىلساق سىزچە قانداق، دەپ سورىۋىدى، گيۆرىڭ ئالدىرىغىنىچە دەرھال ئىشقا كىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنى مەشىق قىلدۇرۇش ئىشىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ، بۇ ئەترەتنى رەسمى بىر ھەربى قوشۇن شەكلىدە تەربىيىلەشكە كىرىشىدۇ. “سىلەر بىر ئارمىيە! — دېدىم مەن ئۇلارغا، — سىلەر ئۆزەڭلارنى رەسمى بىر ئارمىيە دەپ تونۇڭلار!”
مۇنداق قارىماققا، گيۆرىڭ ھەقىقەتەنمۇ تولۇق بىر نېمىس ھېسابلىناتتى. شۇنداقتىمۇ ھىتلېرنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئالغاندا ئۇنى يەنىلا بىر ئىرقچى دېيىشكە بولمايتتى. ھەتتا ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ بىر مۇنچىسى يەھۇدىي ئىدى. گيۆرىڭنىڭ نېمىس مىللەتچى سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەنلىكى بۇ پارتىيىنىڭ ئىدىيىسىگە ئەمەس بەلكى ئىنقىلابى ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا قىزىققانلىقىدىن بولغان ئىدى. “باشقا پارتىيىلەرمۇ ئىنقىلابى پارتىيىلەر بولغاچقا،124 خالىغان بىر پارتىيىگە كىرەلىشىم مۇمكىن ئىدى” دەيدۇ گيۆرىڭ. ئۇ ئەسلىدە، بىرەر ئەمەلىي ھەرىكەتكىلا قىزىقىدىغان، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا قىزىقىدىغان بىرەر تەشكىلات بولسىلا ئۇنى جەلىپ قىلىۋېرەتتى. ھىتلېرغا لازىم بولغىنىمۇ دەل شۇنداق بىرسى ئىدى. گيۆرىڭ، ئوفىتسېر جۇنكېر ۋە باشقا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن ئىنتايىن  قۇيۇق مۇناسىۋىتى بار بىرسىلا بولۇپ قالماي يەنە نامايىش ۋاقىتلىرىدا، يىغىنلاردا كۆز-كۆز قىلىدىغانغىمۇ لايىق بىرى. زۆرۈر تېپىلغاندا بەزى رەھبەرلەر بىۋاستە تەنقىتلەنسىمۇ ئۇنىڭ بۇنداق ئىشلارغا پەرۋايى پەلەك ئىدى.
ئەمما رۇدولف ھېسنى گيۆرىڭغا زادىلا سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. ھېس مىسىرنىڭ ئىسكەندىرىيە پورتىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتىسى توپ مال ساتقۇچى ۋە ئېكىسپورت قىلغۇچى پۇللۇق چوڭ سودىگەر ئىدى. ئاتىسى ئوغلىنى ئۆزىگە ۋارىسلىق قىلىپ تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىشىنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ھېس ئىلمى خادىم بولۇش يولىنى تاللىۋالىدۇ. ئۇ دەسلىۋىدە باد گودېسبېرگ ياتاقلىق مەكتىۋىدە ئوقۇيدۇ. كېيىن شىۋىتسىيىدە سودا سانائەت ئالى مەكتىۋىگە ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەمما ئۇرۇش ئۇنى ئوقۇشىنى يېرىم يولدا توختىتىپ تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن سودا ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىشنى پەقەتلا خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇمۇ خۇددى گيۆرىڭغا ئوخشاش ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرىپ تارىخ، ئىقتىسات ۋە سىياسىي جوغراپىيە بىلىملىرىنى ئوقۇيدۇ. ئۇمۇ “نويابىر جىنايەتچىلىرى” تەرىپىدىن سېتىۋېتىلدۇق دەپ قارايدىغانلاردىن بولغىنى بىلەن، بۇ جەھەتتە ئۆز ئەقىدىسىدىكى ئىنقىلابى ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش ئورنىغا “تۇلې جەمئىيىتى” گە ئەزا بولىۋالىدۇ. ئۇ نامايىشلارغا قاتنىشاتتى، كوچىلاردا مىتىنگلەردە نۇتۇقمۇ سۆزلەپ قوياتتى (بەكلا تارتىنچاقلىقىغا قارىماي كېلىشتۈرۈپ نۇتۇق سۆزلەپ قوياتتى). “ئەركىن كورپۇس” ئەزاسى بولغاچقا باۋارىيە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش جېڭىغىمۇ قاتناشقان ئىدى.
گيۆرىڭغا ئوخشاش رۇدولفمۇ داھى ئاختۇرۇپ يۈرگەنلەردىن بىرى ئىدى. ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ۋاقتىدا ئۇنىڭ يازغان «قانداق بىر داھى گېرمانىيىنى بۇرۇنقىدەك پارلاق كۈنلەرگە يىتەكلىيەلەيدۇ؟» تېمىلىق دېسسىرتاتسىيىسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. ھېس ئۇ ماقالىسىدا، بۇنداق بىرسى چوقۇم كۈچلۈك مۇستەبىت بىرسى بولىشى، شۇئاردىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولىشى، كوچىلاردا نامايىش تەشكىللىيەلەيدىغان، خەلق ئاممىسىنى كۈشكۈرتەلەيدىغان بولىشى كېرەك؛ بۇنداق بىرسى چوقۇم خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، ئەمما خەلق ئاممىسى بىلەن قىلچىمۇ ئورتاق نوقتىسى يوق بىرسى بولىشى كېرەك؛ بۇنداق بىرسى خۇددى باشقا ئۇلۇغ كىشىلەرگە ئوخشاش “ساغلام خاراكتېرلىك” بولىشى، “قان تۆكۈلۈشتىن قورقۇپ تۈگۈلىۋالىدىغان بولماسلىقى؛ بارلىق ھەق-ناھەق ئىشلارنى تۆمۈر مۇشتۇمغا تايىنىپ قانلىق ھەل قىلىش تەرەپتارى بولىشى كېرەك،” بۇنداق مەقسەتكە يېتىشى ئۈچۈن “ئۆزىنىڭ دوستلىرىنىمۇ دەسسەپ ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان” بولىشى، قىلچە يۈز-خاتىرە قىلىپ ئولتۇرماي قانۇن ئىجرا قىلالايدىغان، “ئېھتىياتچان بولۇش بىلەن بىرگە يەنە سەزگۈرلۈك بىلەن” خەلق ۋە دۆلەتكە جانلىق مۇئامىلىدە بولۇشنى بىلىدىغان، زۆرۈر تېپىلغاندا “ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ ئۆتۈكى بىلەن ئۇلارنى چەيلەپ ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان” بولىشى كېرەك دەپ تەسۋىرلەپ بەرگەن ئىدى.
ھېس، ھىتلېردا بۇ غايىۋى داھىلىق ئالامەتلەرنىڭ بارلىقىنى سېزىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ ھىتلېرنىڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى، يېقىن دوستى سۈپىتىدە بىر يىلدىن بېرى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرماقتا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھېس يەنە بىر ئادەمگىمۇ خۇددى شۇنداق ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ كىشى گېنېرال كارل خاۋشوفېر ئىسىملىك بىرسى بولۇپ، ئايالى يەھۇدىي ئىدى. بۇ گېنېرال ھەربى مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسى بىلەن توكيو ئەلچىخانىسىدا ئۈچ يىلدەك تۇرغان بولۇپ، ياپونچىنى سۇدەك بىلەتتى. 1911-يىلى ياپونىيىدىن گېرمانىيىگە قايتىپ كەلگەن. بۇ گېنېرال ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاسىيا ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ كەلگەن؛ ئۇ، بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇش ياكى يىمىرىلىشى ئۇ دۆلەت تېزگىنلەپ تۇرغان زېمىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە باغلىق دەپ قارايدىغان بىرسى ئىدى. دۇنيا ئۇرۇشى ئۇنىڭ بۇ قارىشىنىڭ بىر ئىسپاتى ھېسابلىناتتى. گېرمانىيىنىڭ قورشاۋغا چۈشۈپ قالغانلىقى، تىنىق تارتالماس ھالغا چۈشۈپ قېلىشى، ئاخىرى بېرىپ ئۇرۇش مەغلوبىيىتىدىن ئىبارەت نۇمۇسقا مەھكۈم بولىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى، دەل بۇ دۆلەتنىڭ ھاياتلىق ماكانىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن كەلگەن دەپ قارايتتى. جاھان ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ گېنېرال ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي جوغراپىيە پروفېسسورى بولۇپ دەرس بېرىدۇ. ئۇ، ئوقۇغۇچىلىرىغا، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ بىردىن-بىر ئامىلى ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالايدىغان بولىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن گېرمانىيە ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالايدىغانلا بولۇپ قالماي (خەلق ئىگىلىكىدە مۇستەقىل بولۇش بىلەنلا قالماي)، يەنە يېتەرلىك ھاياتلىق ماكانىغىمۇ ئىگە بولىشى كېرەك دەپ تەكىتلەپ كۆرسىتەتتى. ھېس، پروفېسسور خاۋشوفېر بىلەن ھىتلېر ئىككىسىنىڭ دېگەنلىرىگە تولۇق قايىل ئىدى. شۇڭا بۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرسىگە چىڭ يۇغۇرىلىپ كېتىشىنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما ئۇلار ئىككىسىنىڭ زىچ ھەمكارلىشالىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىدا بىر توساقمۇ بار ئىدى: پروفېسسورنىڭ ئايالى بىر يەھۇدىي سودىگىرىنىڭ قىزى ئىدى. ھېس گەرچە ئىرقچىلىق نەزەرىيىسىگە بوي سۇنىدىغان بىرسى بولسىمۇ، قەلبىدە ئادىمىلىك گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ھېسسىياتچان بىرسى بولغاچقا،125 بىر تەرەپتىن پروفېسسورغا چىن قەلبىدىن ئەقىدە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئايالىغىمۇ قىلچە يامان كۆزدە قارىمايتتى. ئۇ كۈنلەردە ھېس تازا روناق تېپىۋاتقان پەيتلىرى بولۇپ، بىر تەرەپتىن كىچىك پېيىل بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنداق باش-باشتاق رەھىمسىزلەردىنمۇ ئەمەس ئىدى. گەرچە ئۇ، جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە كوچىلاردا قەھرىمانلارچە جەڭ قىلغان ھەمدە مۇكاپاتلانغان ئىلمىي ماقالىسىنىمۇ قان پۇراپ تۇرىدىغان مەزمۇنلار بىلەن يېزىپ چىققان بىرسى بولسىمۇ، بەرىبىر ئۇنداق رەھىمسىز جاللات مىجەز بىرسى ھېسابلانمايتتى. ھېس كىتاب بىلەن مۇزىكىنى بەكلا ياخشى كۆرىدىغان، بۇ جەھەتتە قاتتىق مۇنازىرىلىشىپمۇ كېتىدىغان بولغىنى بىلەن، قەھۋىخانا-چايخانىلاردىكى مۇنازىرىلەردىمۇ ئۇنى پات-پاتلا ئۇچىرىتىشقا بولاتتى. ھەتتا ئۇمۇ ھىتلېر ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئەنە شۇنداق پىۋىخانىلاردىن بىرى بولغان خوفبراۋخاۋۇس ئۇرۇش جىدەللىرى ئارىسىدا ئاڭلاپ بىلگەن ئىدى. ئۇ ئات يۈزلۈك، قۇيۇق قارا قاشلىق، كۆزلىرى چاقناپ تۇرغان، ئىنچىكە لېۋىنى ھەر دائىم چىڭ يۇمۇپ يۈرىدىغان، “يېقىن دوستلىرىنىڭمۇ ئۈستىدىن دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىشكە تەييار” كەسكىن بىرسى ئىدى. ھېس، مىيىقىدا كۈلگەن ۋاقتىدىلا ئۆزىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئاشكارلاپ قوياتتى — شۇنداق چاغلاردىلا ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە سەزگۈر، رەسمى غايىلىك ياش بىرسى بولۇپ كۆرۈنەتتى. ئىلسە ھېس (ئۇ چاغلاردا فامىلىسى ئىلسە پرۆھل ئىدى) شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەپ كېلىپ، “بەكلا ئاز كۈلىدىغان، تاماكا چەكمەيدىغان، ھاراق ئىچمەيدىغان بىرسى ئىدى. ئۇرۇش مەغلوب بولۇپ تۇرۇغلۇقمۇ يەنىلا نومۇس قىلماي ئۇسۇل ئويناپ كۆڭۈل ئېچىپ يۈرىدىغانلارنى كۆرسە پەقەتلا  چىدىمايتتى” دەيدۇ. ئۇنى پىششىق تونۇيدىغان كىشىلەردىن باشقا، ھەر قانداق بىرسى ئۈچۈن ھېس ھەقىقەتەنمۇ سىرلىق ھېسابلىناتتى. ئۇ، غايە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىۋەتكەن، ئەمەل تۇتۇشقا پەقەت قىزىقمايدىغان، ئۆزىنى ھىتلېرغا پۈتۈنلەي ئاتىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە جەھەننەمگە كىرىشكىمۇ تەييار ئىدى.
جۇلىئۇس سترېيچېر دېگەن بىرسىمۇ ھىتلېرغا قارغۇلارچە ئەگىشىدىغانلاردىن بىرى ئىدى. يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ھېس بىلەن گيۆرىڭ ئىككىسىلا فۈھرېرىگە قارىغاندا بەكلا ئاجىز ھېسابلىناتتى. ئەمما سترېيچېر زەھەرلىك تىلدىن پايدىلىنىش جەھەتتە ھىتلېردىن بەكلا ئېشىپ كېتەتتى. بۇ كىشى بەكلا جىدەلخور، دۇغلاق ۋە پاكىنەك، تاقىرباش، قاپان باش، سالپاڭ قۇلاق بىرسى بولۇپ، كىشىگە بەكلا قوپال كۆرۈنەتتى. ئۇ، مەيلى دەستىخان ئۈستىدە ياكى ياتىقىدا بولسۇن بەكلا ئىشتەيلىك، قارنىغا ئامىراق ئىدى. ئۇ بەزىدە بەكلا تۈز كۆڭۈل، يېقىملىق بولۇپ كۆرۈنسە، يەنە بەزىدە بەكلا ۋەھشى، بەكلا تەرسا بىرسىگە ئايلىنىپ قالاتتى. بۇ ئادەم قىلچە قىينالمايلا كۆڭلى يېرىملىقتىن بىراقلا رەھىمسىز بىر مەخلۇققا ئايلىنالايتتى. ئۇمۇ خۇددى ھىتلېرغا ئوخشاش جامائەت ئارىسىدا كۆرۈلۈشى ھامان چوقۇم قولىدا قامچىلىق يۈرەتتى. ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ قامچا تۇتۇپ يۈرىشى بىر-بىرسىدىن تۈپتىن پەرق قىلاتتى. ھىتلېر قامچىسىنى خۇددى يىتىلەپ يۈرگەن ئىتىنىڭ تاسمىسىنى بىلىكىگە ئۆتكۈزۈپ يۈرگەندەك قامچا سېپىنى بىلىكىگە ئۆتكۈزىۋېلىپ يۈرەتتى. ئەمما سترېيچېر قامچىسىنى ئۇياق-بۇياققا شىلتىپ ھەيۋە قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. سترېيچېر ياش ۋاقىتلىرىدا “يەھۇدىيلارغا قارشى كىتاب ۋە بروشۇرلار بىلەن لىق تولدۇرۇلغان سومكىسىنى مۆرىسىگە ئېسىۋېلىپ تەرەپمۇ-تەرەپ چېپىپ يۈرەتتىكەن.” ئۇنىڭ پۈتۈن نۇتۇقلىرى ھەسەتخورلۇق پۇرىقىغا تولغان بولاتتى. ئۇ سىياسىي دۈشمەنلىرىگە ئەڭ پاسكىنا تىللار بىلەن ھۇجۇم قىلاتتى. بۇ ئادەم يەھۇدىيلار، ئارىيانلارغا قارشى سۈيىقەست پىلانلاپ يۈرىدۇ دەيدىغان گەپلەرگە قەتئىي ئىشىنىدىغان بىرسى بولغاچقا، ئۇنىڭ تىلى چەكسىز تىل-ئاھانەتلىك سۆزلەر بىلەن تولغان بولاتتى.
ئۇمۇ كېلىپ  مىللەتچى سوتسىيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئەزا بولىدۇ. 1922-يىلى، بۇ پارتىيىنىڭ نيۇرېمبېرگ ياچىكىسى قۇرۇلىشى بىلەن تەڭ، سترېيچېر، يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرىدىغان «ئاتاكىچىلار» دېگەن مەخسۇس بىر گېزىت چىقىرىشقا كىرىشىدۇ. بۇ گېزىت خۇددى ۋيېننادا نەشىرى قىلىنغان، ئۆز ۋاقتىدا ياش ھىتلېرغا قاتتىق تەسىرىنى يۇقتۇرۇپ زەھەرلىگەن «شەرق يۇلتۇزى» دېگەن ژۇرنالغا قارىغاندا ھاقارەت قىلىش بىلەن زەھەرخەندىلىك جەھەتلەردە كۆرىنەرلىك ئالغا كەتكەن ئىدى. شۇنىڭدەك بۇ گېزىت ھىتلېرنىڭ نۇرغۇنلىغان مورتلىرىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مەنبەگە ئايلىنىدۇ. گەرچە ھىتلېر سېرىق ئەدەبىياتلارغا قاتتىق ئۆچ بىرسى بولغانلىقى سەۋەبلىك سترېيچېرنىڭ چەكلىمىسىز شەھۋەتپەرەسلىكىنى توغرا تاپمىسىمۇ، بۇ غەلىتە مورتىنىڭ قۇتۇراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن پارتىيىلەر ئوتتۇرسىدىكى تىنماي جىدەللىشىشلەرگە يەنىلا بەكلا ئەھمىيەت بېرەتتى. شۇنىڭدەك، ھىتلېر يەنە سترېيچېرنىڭ تولۇپ تاشقان زىھنى كۈچى بىلەن ئۇنىڭ ئەسەبىلەرچە ساداقىتىگە قاراپ ئۇنىڭدىن يەنىلا مەمنۇن ئىدى. ھىتلېر بۇ ئادەم ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: “ديېترىك ئېكارت ماڭا نۇرغۇن قېتىم سترېيچېرنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان بىرسى بولغىنى بىلەن نۇرغۇن تەرەپلەردىن بەكلا غەلىتە ئادەم ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتقان ئىدى. ئۇ يەنە ماڭا، ئەگەر بىز سترېيچېردەك بۇنداق كىشىلەرنى قوللاپ بەرمىگىنىمىزدە، مىللىي سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس دەيتتى.” ھەقىقەتەنمۇ سترېيچېر «ئاتاكىچىلار» گېزىتىدە بەكلا ھەددىدىن ئېشىپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپمۇ چىقارغان ئىدى.126 بۇنداق ۋاقىتلاردا ھىتلېر، كۈتۈلمىگەن جاۋاپلارنى بېرەتتى: “بەزىلەر، سترېيچېر يەھۇدىيلارنى قارىلاشتا بەكلا چېكىدىن ئاشۇرىۋەتتى دېيىشىدىكەن. ئەسلىدە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، يەھۇدىيلار تېخىمۇ پەسكەش، تېخىمۇ ۋەھشى نەرسىلەر بولۇپ، سترېيچېرنىڭ بەرگەن باھالىرىدىن مىڭ ھەسسە پەسكەش.”
ھىتلېرنىڭ يېقىنلىرى ئەنە شۇنداق ئادەملەردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ئۇنىڭ قوزغىغان ھەرىكىتى جەمئىيەتنىڭ بارلىق تەبىقىلىرى بىلەن چەمبەر-چەست باغلىنىپ كەتكەن بولغاچقا ھەر تۈرلۈك كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلىيالىغان ئىدى. يەنى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا زىيالىيلار، كوچا نوچىلىرى، ھەر تۈرلۈك غەلىتە كىشىلەر، غايىلىق ئادەملەر، سەرگەندارلار، ياللانما ئەسكەر كوماندىرلىرى، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغانلار ۋە ئىنتىزامغا بوي سۇنمايدىغانلار، ئەمگەكچىلەر ۋە ئاق سۈڭەكلەر قاتارىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىلا تېپىلاتتى. بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئەدەپ-قائىدىلىك بولسا، يەنە بەزىلىرى رەھىمسىز زوراۋان كىشىلەر ئىدى؛ بەزىلىرى لۈكچەك ۋە ھۇرۇن، يەنە بەزىلىرى ئاق كۆڭۈل ئىشچان كىشىلەردىن تەشكىل تاپاتتى. بۇ ئادەملەرنىڭ بەزىسى يازغۇچى، رەسسام، مەدىكار، دۇكاندار، چىش دوختۇرى، ستۇدېنت، ئەسكەر، ھەتتا  پوپ ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ تەسىرى ھەممە يەرگە تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلى ھەممە ساھەدىكى كىشىلەرنى سىغدۇرالايتتى. يەنى خۇددى ئېكارتقا ئوخشاش زەھەرلىك چىكىملىك خۇمارلىرىنى سىغدۇرالىسا، يەنە رۆمغا ئوخشاش بەچچىۋازلارنىمۇ سىغدۇرالايتتى. كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن ھىتلېر دېمەك، ھەممە دېمەك بولاتتى. شۇنىڭدەك يەنە يەھۇدىيلارغا، ماركسىزمغا قارشى كىشىلەر بىلەن گېرمانىيىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلالايدىغان بارلىق كىشىلەرنى پارتىيىسى ئەتىراپىغا توپلاشقا ھەر دائىم تەييار ئىدى.
“مېنىڭ ئەڭ بەخىتلىك كۈنلىرىم دەل شۇ كۈنلەر ئىدى. — دەيدۇ ھىتلېر ئارىدىن 19 يىل ئۆتكەن بىر قىش كېچىسى، ئۇ قاتتىق ھاياجان ئىچىدە شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزىنى ھىمايە قىلغان كىشىلەر ھەققىدە سۆزلەپ كېتىدۇ، — مەن بۈگۈن، شۇ ۋاقىتلاردىكى بەزى كىشىلەرنى تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالسام بەكلا ھاياجانلىنىپ كېتىمەن. ئۇلار مېنى ھەقىقەتەن چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلغان ئىدى. ئۇ كۈنلەر ھەقىقەتەنمۇ ھاياجانلىق كۈنلەر ئىدى. كىچىك بىر يايمىچىمۇ كېلىپ مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىراپ، ’ھىتلېر ئەپەندىگە بىر قانچە تۇخۇم بولسىمۇ سوغات قىلىۋالسام‘ دېيىشىپ كېتەتتى. … بۇ تۈر سەمىمى سادىق كىشىلەرنى راستىنلا بەك ياخشى كۆرىمەن.”
مورتلىرى ئارىسىدىكىلەردىن بەزىلىرى ھەرقانچە پەسكەش كىشىلەر بولسىمۇ ھىتلېر ئۇنداقلاردىن پەقەتلا ئىچى پۇشمايتتى. بەلكىم ۋيېننادىكى بېشىدىن ئۆتكەن شۇ پاجىئەلىك كۈنلەرنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈنلا پارتىيە مەركىزى ئورنى ئۈچۈن كورنېليۇس كوچىسىنى تاللىۋالغان دېيىش مۇمكىن. پارتىيە مەركىزى قىلىپ تاللىۋالغان بۇ يەر خېلىلا ئازادە بىر يەر بولۇپ، ئۇ يەر نامىراتلىق دەردىدە ياتقىدەك يەرنىڭ غىمىدا قالغان كىشىلەرگە زىمىستان سوغۇق قىشنى چىقىرىۋېلىشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ تاللانغان ئىدى. “قىش كېلىشى ھامان، — دەيدۇ فىلىپ بوۋھلېر ئەسلەپ كېلىپ، — كۈتىۋېلىش زالى ئىشسىز پارتىيە ئەزالىرى بىلەن پارتىيىنى ھىمايە قىلغۇچى كىشىلەرنىڭ ئىسىنىش ماكانىغا ئايلىنىپ قالاتتى. بۇ كىشىلەر ئۇ يەردە ۋارقىراپ-جارقىرىشىپ قەرت ئويناپ ۋاقتىنى بەكلا كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزەتتى. بۇ ۋاراڭچۇرۇڭلۇق ئىچىدە ئۆزەڭنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالماي قالىسەن. زال تاقىلىش ۋاقتىدا، بۇ يەرگە مەسئۇل قىلىنغان كرىستىئان ۋېبېر ئۇلارنى قامچىلاپ يۈرۈپ ئاران قوغلاپ چىقىراتتى.”

2
1922-يىلى كۈز ئايلىرىدا، ئادولف ھىتلېرنىڭ پائالىيەتلىرى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىشقا باشلايدۇ. ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى “ئىزچىل كۈچلىنىپ بېرىۋاتقان، ئۆزلىرىنى مىللەتچى سوتسىيالىزمچىلار ھەرىكىتى دەپ ئاتىۋالغان ھەرىكەتنىڭ قانچىلىك كۈچى بارلىقىنى مۆلچەرلەپ كېلىش” ۋەزىپىسى بىلەن بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا مۇئاۋىن ھەربى ئەمەلدار كاپىتان ترۇمان شمىدتنى ميۇنخېنغا ئىۋەرتىدۇ. بۇ كىشى يالې ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ۋېست پويىنت ھەربى مەكتىۋى (ئامېرىكا غەربىي قۇرۇغلۇق ئوفىسسېرلار ھەربى ئنىستىتۇتى — ئۇ. ت) نى پۈتتۈرگەن ئالاھىدە مەلۇماتلىق بىرى ئىدى. ئۇنىڭغا يەنە، بېرىپ ھىتلېر بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ “ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكى، قابىلىيىتى ۋە ئاجىزلىق تەرەپلىرى ھەققىدە مۆلچەرلەپ كېلىش” نى ۋەزىپە قىلىپ تاپشۇرىدۇ. شۇنىڭدەك شمىدت يەنە نېمىس مىللەتچى سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، ئىستىقبالى ھەققىدىمۇ تەكشۈرۈپ كېلىشى كېرەك ئىدى. تېخىمۇ ئېنىقىراق ئېيتقاندا، شمىدت، بىرەر ئامالىنى قىلىپ تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىپ كېلىشى لازىم ئىدى: “باۋارىيە تەۋەسىنىڭ گېرمانىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ئېھتىمالى بارمۇ-يوق؟ ميۇنخېندا يەنە بىر قېتىملىق كومپارتىيە قوزغىلىڭى پارتلاش خەۋىپى بارمۇ-يوق؟ ھىتلېرنىڭ سوتسىيالىزمچى ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ باۋارىيە ھاكىمىيىتىنى تارتىپ ئېلىش ئىھتىمالى بارمۇ-يوق؟127 باۋارىيىدە تۇرۇشلۇق دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسى 7-دىۋىزىيىسى گېرمانىيە ئىمپىرىيىسىگە سادىق بىر ئارمىيىمۇ ياكى بېرلىن بىلەن باۋارىيىگە ئايرىم-ئايرىم ساداقەت كۆرسىتىش ئېھتىمالى بارمۇ؟ ئەگەر ئوڭچىلار ياكى سولچىلار توپىلاڭ چىقارسا ياكى قوزغىلاڭ كۆتىرىپ قالغىدەك بولسا بۇ دىۋىزىيە كۈچىدىن پايدىلىنىپ باستۇرۇش ئېھتىمالى بارمۇ-يوق؟”
كاپىتان شمىدت، 15-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ميۇنخېنغا يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ ماريېنباد مىھمانخانىسىغا جايلاشقاندىن كېيىن، دەرھال لېدېرېر كوچىسىغا جايلاشقان ئا ق ش كونسۇلخانىسىغا بېرىپ كونسۇل ۋاكالەتچىسى روبېرت مۇرفى بىلەن كۆرۈشىدۇ. 28 ياشلىق مۇرفى (بۇ كىشى كېيىن بېلگىيە باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىنىدۇ) شمىدتقا باۋارىيىنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى “ئۇنچە بەك كۈچلۈك بىرسى ئەمەس، … ئۇنى سابىق باش مىنىستىر كاھرنىڭ “قولىدىكى بىر ئويۇنچۇق” لا دېيىش مۇمكىن دەيدۇ. بۇ كونسۇل يەنە مۇنداق دەيدۇ: سوتسىيالىزمچى ئىشچىلار پارتىيىسى تېزلىكتە كۈچىيىپ بارماقتا، بۇ پارتىيىنىڭ داھىيسى بولغان كىشى گەرچە “قارام، تەۋەككۈلچى” بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنى يەنىلا “نارازىلىق كۈچلىرىنى قېزىپ چىقىرىۋاتقان” ساپ نىيەتلىك بىرسى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى، ھىتلېر دېگەن بۇ ئادەم باۋارىيەلىكلەرنىڭ كۆڭلىنى ياخشى بىلسىمۇ “گېرمانىيە مىللەتچى ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلالىغىدەك قابىلىيىتىنىڭ بار-يوقلىقىغا ھازىرچە بىر نېمە دېمەك تەس” دەپ قوشۇپ قويىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە، شمىدت قۇرۇغلۇق ئارمىيە قۇماندانلىرى بىلەن، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن، ۋارىس شاھزادە رۇپپرېچت (بۇ ئادەم ھەقىقەتەنمۇ قابىلىيەتسىز ئىدى. ئەمما بەلگىلىك سىياسىي كۈچكە ئىگە بولىشى ئېھتىمال) بىلەن، يەنە بىر لىبىرال گېزىت تەھرىرى بىلەن ۋە ماكس ئېرۋىن، ۋون شيۇبنېر رىچتېر (بۇ ئادەم نېمىس ئىرقىدىن بولۇپ، بالتىق دۆلەتلىرىدىن قېچىپ كەلگەن بىر مۇساپىر ئىدى. ئۇ ئايالىنىڭ كىنەزلىك سالاھىتىدىن پايدىلىنىپ يۈرگەن بىرسى) قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ چىقىدۇ. شېۋبنېر رىچتېر دېگەن بۇ ئادەم روزېنبېرگنىڭ يېقىنلىرىدىن بىرسى بولۇپ، باشتىن تارتىپلا ھىتلېرغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. بۇ كىشى شمىدتقا مۇنداق دەپ كاپالەت بېرىدۇ: پارتىيىنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى مەيدانى “پۈتۈنلەي تەشۋىقات مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ئىش دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ.” بۇ ئادەم شمىدتنى يەنە پارتىيىسىنىڭ يېڭى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئېس-ئاچىلار ئەترىتىنىڭ پارات مۇراسىمىغىمۇ تەكلىپ قىلىدۇ.
شۇ كۈنى ئاخشىمى مىھمانخانىدىكى ياتىقىدا ئولتۇرۇپ “ھەقىقەتەنمۇ ھەيۋەتلىك بىر يىغىلىش ئىدى. — دەپ يازىدۇ شمىدت كۈندىلىك خاتىرىسىگە، — مەن بۇنداق بىر مەنزىرىنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن، 1200 نەپەر قاۋۇل يىگىت كونا ئىمپىرىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، بىلەكلىرىگە كرىست بەلگىلىك قىزىل يەڭلىكلەرنى تاقاپ، مۇراسىم قەدەملىرى بىلەن پارات قوبۇل قىلىۋاتقان ھىتلېرنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. پارات قوبۇل قىلىش تاماملانغاندىن كېيىن، ھىتلېر بىر نۇتۇق سۆزلىدى. … ئاندىن ’يەھۇدىيلارغا ئۆلۈم!‘ دېگەندەك بىر قانچە شۇئار توۋلىدى. كىشىلەر توپى پۈتۈنلەي ئۆزىنى يوقاتقىنىچە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تەنتەنە قىلىشاتتى. مەن ئۆمۈرۈمدە بۇنداق ھاياجانلىق بىر مەنزىرىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.”
شمىدت، ئەتىسى شەنبە كۈنى لۇدېندورف بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. بۇ گېنېرال، بۇرۇندىن تارتىپلا “ئاۋال رۇسىيىدە بولشېۋىكلار تارمار كەلتۈرلگىنىدىلا ئاندىن گېرمانىيىدىكىلەرنى يوقۇتۇشقا بولىدۇ” دەپ ئويلاپ كەلگەنلىكىنى ئاشىكارىلايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: “ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر چوقۇم ماركسىزم بىلەن تاقابىل تۇرالايدىغان كۈچلۈك بىر ھۆكۈمەتنى قوللىشى شەرت، … بۇنداق بىر ھۆكۈمەت ھەرگىزمۇ قالايماقانچىلىق ئىچىگە پېتىپ قالغان مەۋجۇت پارلامېنت شارائىتى ئاستىدا ئوتتۇرغا چىققان ھۆكۈمەت بولماسلىقى كېرەك. … بۇنداق ھۆكۈمەتنى ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەرگە تايىنىپلا تەشكىللەش مۇمكىن. … فاشىزم ھەرىكىتى ياۋروپادىكى ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇنۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. …” مۇسسولىن گېرمانىيىنىڭ مىللى ئىشلىرىغا ھەقىقەتەنمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ دەپ قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شمىدت، دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە شېۋبنېر رىچتېر بىلەن كۆرۈشكەن يەردە ھىتلېر بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ. سۆھبەت زالى “شۇنچىلىك ئاددى ئىدىكى، بۇنچە قۇرۇق بىر يەرنىڭ يىغىن زالى بولىشىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيتتى؛ بۇ يەر خۇددى نيۇيوركتىكى ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن ئىجارە ئۆيلىرىنىڭ ئارقا مېھمانخانا ئۆيلىرىدىن قىلچە پەرقى يوق ئىدى.” بۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن، شمىدت كۈندىلىك خاتىرىسىنىڭ باش تەرىپىگىلا مۇنۇ سۆزلەرنى يازىدۇ:128 “مەشھۇر ئۆكتۈچى پارتىيە داھىيسى. مەن بۇنچىۋالا تەلۋە، شۇنىڭدەك يەنە بۇنچە غەرەز ئۇقىدىغان بىرسىنىڭ مۇلاھىزىسىنى پەقەتلا ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن دەپ ئېيتالايمەن. بۇنداق بىر ئادەمنىڭ يىغىن ئاممىسىنى تىزگىنىدە تۇتۇش قابىلىيىتى چوقۇم تەڭداشسىز بولسا كېرەك. … ھىتلېر ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ’جىسمانى ۋە ئەقلى ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ماركسىزمغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى‘ دەپ تەرىپلىدى. ئۇ يەنە ’ئەگەر بولشىۋېكچىلارنى باستۇرماقچى بولىدىكەنمىز، ھازىرقىدەك كاپىتالغا قارىتا ھاقارەت قىلىشلار قەتئىي توختۇتۇلىشى؛ پارلامېنت تۈزۈمى ئېلىپ تاشلىنىشى شەرت؛ پەقەت مۇستەبىتچىلىكلا گېرمانىيىنى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزالايدىغان بىر تۈزۈم بولالايدۇ‘ دەيدۇ.” شمىدت خاتىرىسىگە “بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ماركسىزم بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلماقچى بولىدىكەن، بۇنداق بىر جەڭنى ئا ق ش ياكى ئەنگلىيە تۇپراقلىرىدا قانات يايدۇرغاندىن گېرمانىيە تۇپراقلىرىدا قانات يايدۇرۇش تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. شۇنداق بولغىنىدا، ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئەگەر بىز (ئامېرىكا) گېرمانىيىنىڭ مىللەتچىلىرىنى قوللىمايدىكەنمىز، بولشېۋىكچىلار چوقۇم گېرمانىيىنى بوي سۇندۇرىۋالىدۇ. ئۇ چاغدا، ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلەش دەيدىغان مەسىلىمۇ مەۋجۇت بولماي قالىدۇ. بۇ چاغدا روسىيە بىلەن گېرمانىيە بولشېۋىكچىلىكى ئۆزىگە بەكلا تەمەننا قويۇپ، چوقۇم غەرب ئەللىرىگە ھۇجۇم قوزغۇشى مۇمكىن.”
ھىتلېر باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىدۇ. ئەمما يەھۇدىيلار مەسىلىسىنى ئېغىزغىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ. كېيىن، بۇ مەسىلىنى شمىدتنىڭ ئۆزى كەسكىن بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇپ سۇئال قويىدۇ. ھىتلېر بۇ مەسىلە ھەققىدە “بىز پەقەت ئۇلارنىڭ گراژدانلىق ھوقۇقىنىلا ئېلىپ تاشلاش، ئىجتىمائىي ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىلا تەشەببۇس قىلىمىز” دېگەن جاۋابى بىلەن شمىدتنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدۇ. شمىدت بۇ قاراڭغۇ ئۆيدىن، گېرمانىيە سىياسىي سەھنىسىدە ھىتلېر ئىنتايىن مۇھىم بىر ئامىل ئىكەن دەپ قەتئى ئىشەنچ بىلەن ئايرىلىدۇ. ھىتلېر 22-نويابىر كۈنى نۇتۇق سۆزلەيدىغان بولىدۇ. بۇ يىغىن ئۈچۈن شمىدت يىغىنغا كىرىش بېلىتىدىن بىرنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىمۇ كۈتۈلمىگەندە بېرلىنغا چاقىرتىلغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ يىغىنغا قاتنىشىش بېلىتىنى بىرسى ئارقىلىق ئېرنست خانفىستايىنگىلغا قايتۇرۇپ بېرىۋېتىدۇ. خانفستايىنگىل دېگەن بۇ ئادەم ئىگىز بويلۇق، ئۇرۇق ئىنچىكە ئىڭەكلىك، غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىرسى ئىدى. خانفىستايىنگىل، ھىتلېر دېگەن بۇ مەخلۇققا زېھىن سەرىپ قىلىپ نۇتۇقتىن چىقارغان خۇلاسىسىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈشنى خالارمۇ؟ “پەرىزىمچە، ئۇ بەكلا مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن. — دەيدۇ شمىدت، — سەن بۇ كىشىنى مەيلى ياخشى كۆر ياكى كۆرمە، ئۇ نېمىنى خالاپ، نېمىنى خالىمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىغان بىرى ئىكەن.”
شمىدتنىڭ خانفىستايىنگىلنىڭ ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتىگە شۇنچە ئىشەنچ قىلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، بۇ ئادەمنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بەكلا ئالاھىدە ئىكەنلىكى ئىدى. خانفىستايىنگىلنىڭ ئاپىسى ئەنگىلىيىنىڭ داڭلىق يېڭى ئائىلىلىرىدىن كېلىپ چىققان، يەنى لودىۋىكلار جەمەتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى؛ خانفىستايىنگىلنىڭ بوۋىلىرىدىن ئىككىسى جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى دەۋرىدىكى گېنېراللاردىن بولۇپ، ئۇلاردىن بىرسى يەنە كېلىپ لىنكولننىڭ ئاديۇتانتى بولغان ئىكەن. خانفىستايىنگىللار جەمەتىدە ئىككى نەپەر كىشى ساكس-كوبۇرگ-گوتا كىنەزلىكىدە مەخپى مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇلار يەنە كېلىپ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى مەھلىياسى ۋە بۇ جەھەتتىكى مۇھىم خېرىدارلاردىن ئىدى. بۇ جەمەتتىكىلەر ميۇنخېندا ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتىنى ئاچقان، شۇنىڭدەك نەپىس گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن داڭق چىقارغان كىشىلەر ئىدى. خانفىستايىنگىلمۇ گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا مۇھىتى ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بىرسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى لىلى لېھمان، ۋىلھېلم بۇش، ساراسات، رىچارد ستراۋۇس، فېلىكس ۋېينگارتنېر، ۋىلھېلم باكخاۋۇس، فرىدتجوف نانسېن ۋە مارك تۋايىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇچرىشىش سورۇنى ھېسابلىناتتى. ئۇمۇ ھەقىقەتەن ئۇستا پىيانىست ھېسابلىناتتى. باۋارىيىدىكى داڭلىق سالونلاردا كىشىلەر ئۇنىڭ پىيانو پەدىلىرى ئالدىدا كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان 6.4 غېرىچلىق ئىگىز گەۋدىسىنى پات-پاتلا كۆرۈپ قالاتتى. شۇڭا ئۇنىڭغا “ۋىجىك” دەپ بويىنىڭ تەتۈرسىچە لەقەم قويۇشقان ئىدى.
يەنە شۇ 22-نويابىر كۈنىسى، خانفىستايىنگىل ترامۋايغا ئولتۇرۇپ كىندىلكېللېر رېستۇرانتىغا كېلىدۇ. بۇ رېستۇرانت L ھەرىپى شەكلىدىكى چوڭ بىر رېستۇرانت بولۇپ، رېستۇرانت ئىچى ئادەملەر بىلەن مىغىلداپ تۇراتتى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىدا ئاز ساندا پىنسىيىگە چىققان ئوفىتسېر ۋە ئۇششاق ئەمەلدارلار، ئۇششاق تىجارەتچىلەرمۇ بار بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى ياشلار بىلەن ئىشچىلار ئىدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر باۋارىيىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ كەلگەن ئىدى. خانفىستايىنگىل مۇخپىرلار  تەۋەسىدىن بىرەر تونۇشۇم بارمىدۇ دەپ شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ بىرەر تونۇش تاپالمايدۇ. شۇنچە قاراپ ھىتلېرنىڭ نەدە ئولتۇرغانلىقىنىمۇ تاپالمايدۇ. بۇ چاغدا بەخىتكە يارىشا مۇخبېرلاردىن بىرسى ئۇنىڭغا سەھنىدىكى ئۈچ كىشىنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۈچەيلەننىڭ پاكار بويلۇقى ماكس ئامان؛129 كۆزئەينەك تاقىغىنى ئانتون درېكسلېر بولۇپ، ئۈچىنچىسى ھىتلېر ئىدى. ھىتلېر تۈز تاپانلىق بەكلا قوپال ھەم ئېغىر ئۇزۇن قونچلىق ئاياق كەيگەن بولۇپ، ئۇچىسىغا كراخماللانغان ئاق ياقىلىق قارا كىيىم كىيىۋالغان ئىدى. خانفىستايىنگىل ئىختىيارسىزلا ئۇنىڭ خىيالىغا بۇ قىياپەت قايسى بىر پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەيدىغان يۈگۈر-يىتىمچىنىڭ قىياپىتىگە ئوخشايدىغانلىقى كېلىدۇ. ئەمما درېكسلېر شۆبىھسىزكى، ھىتلېرنى كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرۇپ ئىنتايىن ئىشەنچىگە تولغان ھالدا تىزلىكتە مۇخپىرلارنىڭ يېنىغا ماڭغىنىدا “ئېنىقكى، ئۇ بىر پۇخراچە كېيىنگەن ئەسكەر” دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن بولىشى مۇمكىن.
بۇ چاغدا قۇلاقنى يارغۇدەك ئالقىش سادالىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ھىتلېر سەھنىگە چىقىپ ئىككى پۇتىنى كەرگىنىچە قولىنى كەينىچە قوشتۇرۇپ، خۇددى پوستتا تۇرىۋاتقان بىر ئەسكەردەك تىك تۇرىدۇ. ئۇ، تەمكىن بىر شەكىلدە ئىنتوناتسىيىلىك ئاۋازى بىلەن ئۆتكەن بىر قانچە يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر قۇر ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ. ئاندىن ئۇستىلىق بىلەن گېپىنى ھۆكۈمەتكە بۇرايدۇ. ئەمما ئۇ مازاق قىلىدىغان ياكى تەنقىتلەيدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەيدۇ. ئۇ ۋەقەلىكلەرنى ئەدەپ-قائىدىلىك يوقىرى سەۋىيىلىك نېمىسچە بىلەن ئىنتايىن تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ تىلى ئارىلاپ ۋيېننا شىۋىسىگىمۇ كېتىپ قالاتتى. ئۇنىڭدىن ئون نەچچە فۇد نېرىسىدا ئولتۇرغان خانفىستايىنگىل ھىتلېرنىڭ سەمىمىلىك چاقناپ تۇرغان كەھرىۋا رەڭلىك كۆزلىرىدىن بەكلا قاتتىق تەسىرلىنىپ كېتىدۇ. “ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سەمىمىي راستچىللىق روھى چاقناپ تۇراتتى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چارىسىزلىقى بىلەن سۆزسىز يالۋۇرۇشىنىمۇ كۆرىۋېلىشقا بولاتتى.” ئۇ نۇتقىنى سۆزلەپ ئون مىنۇتقا قالماي خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرۇشىنى ئىختىيارى قويىۋېتىپ، خۇددى تەجرىبىلىك بىر ئارتىسقا ئوخشاش قوللىرىنى ئويناتقىنىچە ۋيېننا قەھۋىخانىلىرىدىكىدەك قىلىقلارنى چىقىرىپ ھىلىكار زەھەرلىك سۆزلەر بىلەن كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە باشلايدۇ. خانفىستايىنگىل، يېنىدىكى بىر ئايالنىڭ ھىتلېرغا تىكىلگىنىچە ئاغزى ئېچىلىپلا قالغانلىقىنى كۆرىدۇ. كېيىن ھەتتا ئارىدىن بىر ئايال: “پۈتۈنلەي توغرا، بەك ياخشى سۆزلىدى!” دەپ ۋارقىرىۋېتىدۇ. دەل شۇ پەيتتە خۇددى بۇ ئاياللارغا رەخمەت ئېيتىۋاتقاندەك ھىتلېرنىڭ ئاۋازى تۇيۇقسىزلا كۈچىيىپ جاراڭلاشقا باشلايدۇ. ئۇ يەنە قولىنى رەسمى شىلتىپ ھاۋادا ئويناتقىنىچە دۆلەتنىڭ قىيىن كۈنلەردە قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بېيىش يولىنى تۇتقان كىشىلەرنى قاتتىق سۆكۈپ كېتىدۇ.
ھىتلېر پىشانىسىدىن ئېقىپ چۈشىۋاتقان تەرلىرىنى سۈرتىۋېتىپ، ساقاللىق بىرسى سۇنغان پىۋىنى ئالىدۇ. ميۇنخېندا پىۋىخۇمارلار قارىشىدا ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى بەكلا قىزىقارلىق تۇيۇلاتتى. ئۇ نۇتقىغا قايتقاندىن كېيىن قوللىرى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ. ھەر دائىم تۆۋەندىكى ئامما ئارىسىدىن بىرسى چىقىپ ئۇنى تىللاپ ۋارقىراپ كېتەتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ بىردەم جىم تۇرۇپ، خۇددى توپ تۇتقاندەك ئوڭ قولىنى سەل-پەل كۆتۈرۈپ قوياتتى ياكى ئۇنىڭغا ۋارقىرىغانغا زەربە بەرگەندەك قىياپەت بىلەن ئىككى قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ تۇراتتى. “ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى خۇددى قېلىچۋازلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاش بولۇپ، قارشى تەرەپكە قېلىچ ئۇرغاندەك ياكى ئۇرغان قېلىچىنى قايتۇرغاندەك ھەرىكەتلەرنى قىلاتتى. يەنە بەزىدە پولات سىمدا ماڭىدىغان ماھارەتلىك دارۋازدەك ئۆزىنى تەڭپوڭلۇقتا تۇتۇشقا تىرىشاتتى.
“يەنە بەزىدە ئۇنى ئۇستا بىر ئىسكىروپكىچىغىمۇ ئوخشاتقىم كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئىسكىروپكا ئۈستىگە قويغان كامالچىسى مەڭگۈ تارتىپ تۈگۈتكىلى بولمايدىغاندەك نازۇك ئاۋاز چىقىرىپ، تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن بولمايدىغان ماھارەت بىلەن ئاجايىپ مۇڭلۇق ئاۋاز چىقىرىۋاتقان مۇزىكا نوتىلىرىدەك پىكىرلىرىنى ئىپادىلەشكە تىرىشاتتى. … ئەمما دۈشمىنىگە قارشى شىددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەن ۋاقتىدا، يەنى يەھۇدىيلار بىلەن قىزىللارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكىنىدە ئۇنىڭدىكى بۇ خىل نازۇك ھەرىكەتلەر پۈتۈنلەي غايىپ بولاتتى.” “… بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز، ئەگەر سەن نېمىس بولۇشنى خالىمايدىكەنسەن، كاللاڭنى مىجىپ تاشلايمىز. چۇنكى بۇ بىر كۈرەش. كۈرەش قىلماي ھېچقانداق بىر غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلمەيمىز. بۇنداق بىر كۈرەشتە بىز ئىدىيىۋى كۈرەشنى ئاساس قىلىمىز. — دەيدۇ ھىتلېر نۇتقىدا، — شۇنداقتىمۇ، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا مۇشتۇمدىن پايدىلىنىشتىنمۇ چېكىنمەيمىز.”
خانفىستايىنگىل خۇددى ھۇشىنى يوقاتقان ئادەمدەك ھىتلېرنىڭ نۇتقى ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىگە كېلىپ ئەتىراپنى كۈزىتىشكە كىرىشىدۇ. ئۇ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ بۇرۇنقى كۆزقاراشلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن تېخىمۇ بەك ھەيران قالىدۇ: “تېخى بىر سائەت ئاۋاللا ۋارقىراپ-جارقىرىشىپ ئۇنى ھەر تەرەپتىن دۈشكەللەپ ئىتتىرىشىپ يۈرگەن بۇ كىشىلەر، بايىقى ۋارقىراپ تىللاپ يۈرگەنلەر بىردەمدىلا ئۈن-تۈنسىز ھاياجان ئىچىدە ھىتلېرنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ھەتتا ئالدىدىكى پىۋا ئىستاكانىغا قول ئۇزارتىشنىمۇ ئۇنۇتقان ھالدا بىرىلىپ ئاڭلاپ ئولتۇراتتى. خۇددى ئۇلار ھىتلېرنىڭ نۇتقىنىڭ ھەر بىر سۆزىنى پىۋا بىلەن قوشۇپ ئىچىۋاتقاندەكلا كۆرۈنەتتى.” “يېنىمدا ئولتۇرغان ياش بىر قىزمۇ ھىتلېردىن كۆزىنى ئۈزمەي تىكىلىپ ئولتۇراتتى. بۇ قىز خۇددى بىر سۆيگۈنىنىڭ قىزغىن مۇھەببەت سۆزلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندەكلا قىلاتتى. ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزىنى ئۇنۇتقان ئىدى. ھىتلېرنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىۋاتقان كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغ گېرمانىيە تەسۋىرى ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن ئىدى.”130 نۇتۇق يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ۋاقتتا ئۇ نۇتقى بىلەن پۈتۈنلەشكەن بىر سىماغا ئايلانغان ئىدى. ئۇ تۇيۇقسىزلا نۇتقىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. خەلق ئاممىسى ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا ئورۇندۇق ئۈستەللەرنى مۇشتلىشىپ ئەسەبىلەرچە ۋارقىرىشىپ تەنتەنە قىلىشاتتى. ھىتلېرمۇ چارچاپ ھالىدىن كېتىپلا قالغان ئىدى. بۇ مەنزىرە خانفىستايىنگىلغا ئالدىدىكى بۇ مەنزىرە “ئۇلۇغ بىر سەنئەتچى پۈتۈن كۈچىنى سەرىپ قىلىپ ئورۇندىغان ئوركىستىردىن كېيىن ھالىدىن كېتىپ ئولتۇرۇپ قالغىنىدەك” بىر مەنزىرىنى ئەسلىتەتتى. ئۇنىڭ چاچلىرى، باش كۆزى چىلىق-چىلىق تەر ئىچىدە قالغان ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭ كراخماللاپ قاتۇرىۋالغان ئاق ياقىلىرىمۇ تەردە يۇمشاپ سالپىيىپ قالغان ئىدى (“بىر قېتىملىق مۇھىم نۇتۇقنى تۈگەتكىنىمدىن كېيىن پۈتۈن بەدىنىم تەر ئىچىدە قېلىپ، ئېغىرلىقىممۇ 3~5 پونت ئازىيىپ كېتەتتى” دەيدۇ ھىتلېر).
خانفىستايىنگىل ھاياجانلانغان ھالدا سەھنە ئالدىغا كېلىدۇ. ھىتلېر ئۇ يەردە كۈلۈمسىرىگىنىچە ئىنتايىن كىچىكپېيىللىق بىلەن كىشىلەرنىڭ تەبىرىكلىرىنى قوبۇل قىلىۋاتاتتى. “كاپىتان ترۇمان شمىدت سىزگە چىن قەلبىدىن تەبىرىكلىرىنى بىلدۈرۈشۈمنى ئېيتتى” دەيدۇ خانفىستايىنگىل. شمىدت دېگەن بۇ ئىسىم ھىتلېرنى قىزىقتۇردى ئەتىمالىم، ھىتلېر دەرھال ئۇنىڭدىن نۇتقى ھەققىدە پىكىرىنى سورايدۇ. “شۇنداق، مەن سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزگە پۈتۈنلەي قوشۇلىمەن. — دەيدۇ خانفىستايىنگىل ھىتلېرنىڭ كۆڭلىگە تېگىدىغان بىرەر سۆز قىلىپ سالماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، — دېگەنلىرىڭىزگە مەن شەخسەن يۈزدە توقسەن بەش قوشۇلىمەن. ھە، قالغان بەش پىرسىنى، ئۇ توغرىلىق بىز كېيىن يەنە سۆزلىشەرمىز.” ئۇنىڭ قوشۇلمايدىغىنى، تەبىئىيكى ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى مەيدانى ئىدى.
“شۇنداق، قالغان ئۇ ئەرزىمەس بەش پىرسەنت ئۈچۈن ئىككىمىز جىدەللىشىپ يۈرمەسمىز ھەرھالدا؟” — دېدى ھىتلېر مۇلايىملىق بىلەن. ئۇ بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ كىرلىشىپ پۇرلىشىپ كەتكەن قول ياغلىق بىلەن يۈزىدىكى تەرلىرىنى سۈرتەتتى. بۇ ھەرىكىتى بىلەن ئۇ تېخىمۇ كىچىك پېيىل ۋە دوستانە كۆرۈنەتتى. ئۇ گېلىنى قىرىپ بىر نەچچە قېتىم يۈتىلىۋالغاندىن كېيىن قولىنى ئۇزاتتى. ئۇنىڭ قولى “ھەم قاتتىق ھەم قوپال” ئىدى. قول سىققاندا “خۇددى ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەرگە ئوخشاش قولنى چىڭ سىقىپ كۆرۈشەتتى.”
شۇ ئاخشىمى، خانفىستايىنگىلنىڭ كۆزىگە پەقەتلا ئۇيقۇ كەلمىدى. “شۇ ئاخشىمى ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرغان تەسىراتى پەقەتلا خىيالىمدىن چىقمايدۇ. بارلىق مۇتەئەسسىپ سىياسىيونلار بىلەن ناتىقلار ئادەتتىكى ئاممىنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرشنى بىلمەيدۇ. مانا بۇ، ئۇلارنىڭ مەغلوب بولۇشىدىكى تۈپكى سەۋەب. ئەمما ئۆزلىگىدىن يېتىشىپ چىققان ھىتلېر كوممۇنىزمدىن باشقا مۇھىم نوقتىلارنى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن خەلققە سۇنالايتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى دەل بىزنىڭ ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان نەرسىمىز ئىدى.” شۇندىن باشلاپ خانفىستايىنگىل ھىتلېرغا ياردەم قىلىشنى ئۆزىگە نىيەت قىلىدۇ.
كاپىتان شمىدت، بېرلىندا باشلىقىغا ميۇنخېن سەپىرى توغرىسىدا بىر پارچە دوكلاد سۇنىدۇ. 5-دېكابىر كۈنى، ئەلچىخانا كونسۇلى روبپونسېت مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا بىر پارچە شەخسى دوكلات سۇنىدۇ. بۇ دوكلادتا “باۋارىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىلىكى ھەققىدە چىقارغان خۇلاسەم: قاچانلا بولمىسۇن چوقۇم ئېغىر پارچىلىنىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئۇرۇش يىللىرى گېرمانىيە سېپىدا جەڭگە قاتناشقان ئاۋسترىيىلىك ياش ئون بېشى، يەنى بۇ كۈنلەردە فاشىزم ھەرىكىتى دېگەن بىر ھەرىكەتكە — ’قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەر پارتىيىسى‘ گە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ھىتلېر، مۇسسولىننىڭ يولىغا ئوخشاش بىر يولدا مەزمۇت قەدەملەر بىلەن غەلىبىلىك ئالغا ئىلگىرلىمەكتە. ئىلگىرى بۇ يەرگە ئىۋەرتىلگەن مەخسۇس خىزمەتچىمىزدىن بىرىنىڭ بەرگەن دوكلاتىدىن قارىغاندا، ئادولف ھىتلېر ئالاھىدە قابىلىيەتلىك بىر ناتىق، ئەخلاقى سەۋىيىسى ئۇنچە بەك يوقىرى بولمىغاندەك قىلغان بىلەن، ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ بىر داھىي بولۇشقا لايىق ئادەم ئىكەن. خۇددى مۇسسولىننىڭ قىلغانلىرىدەك بۇ ئادەممۇ سانائەتچىلەرنىڭ زور دەرىجىدە ماددى ياردىمىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى بەكلا ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلىمەكتە ئىكەن. بۇ ئادەم ئۇ يەرگە بارغان بىزنىڭ بىر ھەربى مەسلىھەتچى ياردەمچىسى بولغان ترومىن شمىدتقا ’بىز كىلەر ئايدىن باشلاپ، بەلكىم بۇ ئىككى ئاي ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك بىر ھەرىكەت قوزغايمىز‘ دەپ ئېيتقان. شۇڭا ھىتلېر بۇ ئىش ئۈچۈن پۇل ۋە قۇرال يىغىشقا كىرىشكەن، ئۇنىڭ ئىشلىرى بەكلا ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتماقتا.”
ئۇ كۈنلەردە باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئا ق ش ھۆكۈمەت كابىنتىدا،131 بۇ دوكلات ئېنىق بىر تەسىر پەيدا قىلالمىغاچقا بىر چەتكە تاشلاپ قويۇلىدۇ. ئەمما، گېرمانىيىدىكى مىللەتچى سوتسىيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى ئەزالىرى بىلەن ئېس-ئاچىلارنىڭ كۆپىيىپ بېرىشى كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغايدۇ. دېكابىر ئوتتۇرلىرىدا، باۋارىيە شىتاتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى كىشىنى قورقۇتقىدەك بىر دوكلاد تەييارلايدۇ. بۇ دوكلاتتا، ھىتلېر يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەت، “شۆبىھسىزكى، كەلگۈسىدە ھۆكۈمەتكە تەھدىت بولۇپ قالىدىغانلىقى مۇقەررەر. ھەتتا بۈگۈنكى ھۆكۈمەت شەكلىگە تەھدىت بولۇپلا قالماي، پۈتكۈل سىياسىي تۈزۈملەرگىمۇ تەھدىت بولىدىغاندەك كۆرۈنمەكتە. چۇنكى ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ، سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسىنىڭ ۋە شۇنىڭدەك بانكىرلارنىڭ جىنايىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئاساسىدىكى ھەرىكەتلىرى ئەمەلگە ئاشقىدەكلا بولىدىكەن، كەڭ كۆلەملىك قان تۆكۈلۈش ۋە قالايماقانچىلىق يۈز بېرىشى مۇقەررەر” دەپ كۆرسىتىلگەن.
تەخمىنەن يەنە شۇ ۋاقىتلاردا، ئىمپېرىيىنىڭ يېڭى باش مىنىستىر ۋەزىرى ۋىلھېلم كۇنومۇ شۇنىڭغا ئوخشاش جىددى دوكلادتىن بىرنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ھەيران قالارلىق يېرى، بۇ دوكلاد بولغارىيىنىڭ ميۇنخېندا تۇرۇشلۇق كونسۇلى قولىدىن چىققان بولۇپ، بۇ دوكلاد بولغارىيە كونسۇلى بىلەن ھىتلېر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاشكارە سۆھبەت ئاساسىدا يېزىلغان ئىدى. بۇ سۆھبەت جەريانىدا ھىتلېر، گېرمانىيە پارلامېنت ھۆكۈمىتى ئۇزۇنغا قالماي گۇمران بولىدۇ؛ چۇنكى، پارلامېت يېتەكچىلىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەي كەلمەكتە. ئوڭچى ياكى سولچىلارنىڭ دېكتاتورلىقىدىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس. گەرچە شىمالى گېرمانىيە چوڭ شەھەرلىرى ئاساسەن سولچىلار تېزگىنى ئاستىدا تۇرغاندەك قىلسىمۇ، نېمىس مىللەتچى سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسىگە ھەپتىسىگە مىڭلارچە كىشى ئەزا بولۇپ تىزىملاتماقتا بولۇپ، پارتىيىمىز باۋارىيىدە چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ؛ شۇنىڭدەك، ميۇنخېندىكى مەخپى ساقچىلار ئارىسىدا 75 پىرسەنت ئادەم ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان، بۇ شەھەردىكى ئادەتتىكى ساقچىلار ئىچىدە تۇتقان نىسبەت بۇنىڭدىنمۇ يوقىرىلىقىنى ئېيتىدۇ. ھىتلېرنىڭ پەرىزىچە، بولشېۋىكلار شىمالى گېرمانىيىدە تېزگىننى قولىغا ئېلىۋېلىشى مۇمكىن. بۇ مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن باۋارىيىدە چوقۇم بىر ئىنقىلابقا قارشى ھەرىكەت تەشكىل قىلىنىشى زۆرۈر ھالغا كەلدى. شۇ سەۋەپتىن، ئۇلار پولاتتەك ئىرادىلىك بىر مۇستەبىتكە، يەنى “زۆرۈر تېپىلغىنىدا قان ۋە جەسەتلەر قاپلاپ كەتكەن دالادا ئالغا ئىلگىرلەشكە ھەر دائىم تەييار تۇرالايدىغان” بىر ئادەمگە مۇھتاج ئىكەن.
كەلگۈسى ۋەزىيەت ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تۈر كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان پەرەز، بولۇپمۇ ئۇنىڭ پەرىزى ھېسابلانغان بولشېۋىكچىلىكنى تارمار كەلتۈرۈپ فرانسىيىنىڭ رۇر رايونىنى ئىشغال قىلىش پىلانىغا قارشى تۇرۇشى، باۋارىيىلىك مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋەتەنپەرۋەر مىللەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدىغانلىقى ئېنىق. چۇنكى ئۇلار “قىزىللار ھۈكمىرانلىقى” دەۋرىدىكى قورقۇنۇچلۇق كۈنلەرنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان بولغاچقا، رەھىمسىزلەرچە ھەرىكەت قىلىشقا ھەر دائىم تەييار تۇرىدىغان، “سولچىل دوگماتىزم” نى تەرغىپ قىلىدىغان ھەرقانداق قاراشلارغا قارشى تۇرىدىغان كىشىلەر ھېسابلىناتتى.

3
1923-يىلىنىڭ باشلىرىدا، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە “ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلىتىش كومىتىتى” ئىچدە تالاش-تارتىش چىقىپ ئەنگلىيە ۋەكىللىرى بۇ كومىتىتتىن چېكىنىپ چىقىدۇ. بۇ ھادىسە، فرانسىيىگە ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلىتىش مەسىلىسىنى قۇراللىق كۈچكە تايىنىپ ھەل قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. 11-يانۋاردا، فرانسىيە بىلەن بېلگىيە قوشۇنلىرى گېرمانىيە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى دېگەننى باھانە قىلىپ رۇر رايونىغا بېسىپ كىرىدۇ. بۇ ھەرىكەت گېرمانىيە بويىچە مىللەتچىلىك روھىنىڭ قوزغىلىشىنىلا پەيدا قىلىپ قالماي، ماركنىڭ پاخاللىشىشىنىمۇ تېزلىتىۋېتىدۇ. ئىككى ھەپتىگە قالماي ماركنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبىتى 6750:1 دىن 50000:1 گە كۆتۈرۈلىپ كېتىدۇ (1918-يىلى “ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمى ئىمزالانغان كۈنى” دىكى نىسبىتى 7.45:1 ئىدى). ۋېيمار ھۆكۈمىتى “كاپالەت كومىتېتى” نىڭ بىر قېتىملىق بېرلىن سەپىرىنىڭ پويىز بىلىتى ئۈچۈنلا “نەچچە يەشىك 20 ماركلىق قەغەز پۇلنى 7 نەپەر ئىشخانا خادىمىغا كۆتەرتىپ پويىز ئىستانسىسىغا ئاپارغان.”132 مانا ئەندى بۇنچىلىك بىلەت پۇلىنى كۆتۈرۈشكە 49 كىشىلىك ھاممال لازىم ئىدى.
رۇر رايونىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ھەمدە ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى مىللەتچىلىكنىڭ ئاساسىنى كېڭەيتىپ بېرىپلا قالماي، ھىتلېر ئۈچۈنمۇ نۇرغۇنلىغان ئەگەشكۈچى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. ھىتلېر “سوتسىيالىزمچىلار كۆپ سانلىقى” نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا پارتىيە-گۇرۇھلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي، ئۆز ئالدىغا نارازىلىق مىتىنگى تەشكىللەشكە كىرىشىدۇ، ئۇ يەنە 27-يانۋار كۈنى، يەنى نېمىس مىللىي سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ تۇنجى قۇرۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش ئۈچۈنلا 7 قېتىم ئاممىۋى مىتىنگ ئۇيۇشتۇرىدۇ.
گەرچە باۋارىيە ساقچى باشلىقى بۇ تۈردىكى مىتىنگلەر چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بۇرۇنلا ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، ھىتلېر ئەسلا قورقۇپ قالمايدۇ. ھىتلېر “ئەگەر ساقچى دائىرىلىرى ئوق چىقارماقچى بولسا، مەرھەمەت، ئوق چىقارسۇن، مەن ھەر زامان ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ بېرىمەن!” دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ. ھىتلېر راستىنلا دېگىنىنى قىلىدۇ.
مىتىنگ كۈنى كەلگىنىدە، ھىتلېر ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ بۇ مىتىنگ مەيدانىدىن يەنە بىر مىتىنگ مەيدانىغا چېپىپلا يۈردى. “مەيلى ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ياكى ئىنقىلاب مەزگىللىرىدە بولسۇن، مەن بۇنچە غەزەپلەنگەن خەلق ئاممىسىنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن” دەيدۇ ھىتلېر. ئىلگىرى، لوۋېنبراخاۋس پىۋىخانىسىدىكى مىتىڭكە قاتناشقان تارىخشۇناس كارل ئالېكساندېر ۋون مۈللېر ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: ھىتلېر چوڭ قەدەملەر بىلەن ئوتتۇر يولدىن مېڭىپ ئۆتكىنىدە پۈتكۈل يىغىن مەيدانىدىكىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ “خايل، ياشىسۇن!” دەپ قاتتىق توۋلاشتى. “ئۇ يېنىمىزدىن ئۆتكىنىدە، مەن ئۇنىڭغا بەكلا يېقىن بىر يەردە تۇراتتىم. ئۇنىڭ كۆرۈنىشى مەن بۇرۇن ئۇنى ياتىقىدا كۆرگەن ۋاقتىمدىكى ھىتلېرغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ ساغرىپ كەتكەن چىرايىدا قەلبىنىڭ ئۆركەشلەپ تۇرغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ كېتىۋېتىپ خۇددى بوي سۇندۇرۇشقا تېگىشلىك بىرەر دۈشمەن ئاختۇرىۋاتقاندەك ئەتىراپنى كۈزىتىپ ماڭاتتى. ئەجىبا، ئۇنىڭدىكى بۇ پەۋقۇلئاددە كۈچنى مۇشۇ خەلق بەرگەنمىدۇ؟ ياكى بولمىسا بۇ كۈچ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن خەلق ئاممىسىغا ئۆتكەنمۇ؟ مەن دەرھال ’شەپقەتسىز ئىرادىنىڭ تەلۋىلىكى، ئەمما ھېستىرىيىلەرچە رومانتىكلىق‘ دەپ يېزىپ قويدۇم.”
ئەتىسى، ئۇلار يەنە بىر قېتىم ساقچىلارنىڭ چەكلەش بويرىقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، 6 مىڭ كىشىلىك ئېس-ئاچىلار قوشۇنى بىلەن بايراق كۆتۈرۈشكىنىچە مارسفېلدقا يېتىپ كېلىدۇ. ئېس-ئاچىلار قارلىق مەيداندا سوغۇقتىن غالىلداپ تىتىرىشەتتى. بەزىلىرى بېشىغا كۆك رەڭلىك چاڭقى تېيىلىش پوسمىسى كېيىۋالغان، ئۇچىسىغا قوڭۇر رەڭلىك كاژانكا كېيىشكەن، پۇتىغا كۆجەي باغلىغان بولۇپ، قالغانلار كاستيۇملۇق ئىدى. ئۇلار كۆتۈرىۋالغان بايراقلارمۇ رەڭگارەڭ بولۇپ، كرىست بەلگىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ بىر-بىرسىگە ئوخشىمايتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ كېيىم-كىچەكلىرى ھەر تۈرلۈك بولسىمۇ، “دىققەت!” دەپ كوماندا بېرىلىشى بىلەن تەڭ، خۇددى گېرمانىيە پادىشاسىنىڭ پارات قوشۇنلىرىغىلا ئوخشاش ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياغاچتەك تىك تۇرۇپ قېتىپ قالىدۇ. گەرچە ساقچىلار قالايماقانلىق تېرىغۇچىلار ئۈچۈن تەييارلىقىنى پۇختا قىلغان بولسىمۇ، مەيداندا ھېچ قانداق تەرتىپسىزلىك ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. ئەسلىدە بۇ ئىككى كۈن جەريانىدا مىتىنگ مەيدانلىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چۆچۈتەتتى. يەنى ھېچقانداق بىر ئۇرۇش-جىدەل چىقمىغان، ئاشكارە توپىلاڭمۇ كۆتۈرۈلمىگەن بولىشىغا قارىماي بۇ نارازىلىق مىتىنگلىرىنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ئىدى. ھىتلېرنىڭ ساقچى دائىرىلىرىنى كۆزگە ئىلماي تۇرىۋالغانلىقى، نۇرغۇنلىغان بىتەرەپ مەيداندا تۇرىۋاتقان پارتىيە-تەشكىلات يىتەكچىلەرنىمۇ ئۇنىڭغا مايىللاشتۇرىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭدەك ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ستۇدېنتلىرىنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرىۋەتكەن ئىدى. ئەڭ مۇھىمى، باۋارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋىتى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىپ، ھۈكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن تۇنجى قېتىملىق قاتتىق تىركىشىشتە غالىپ كەلگەن تەرەپ يەنىلا ھىتلېر بولغان ئىدى.
“ئۇ ھەقىقەتەنمۇ خاسىيەتلىك بىرسى ئىدى. — دەيدۇ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە ھىتلېرنىڭ مىتىنگىگە قاتناشقان ئامېرىكىلىق مۇخبىر لۇدۋېل دېننىي بەرگەن خەۋىرىدە، — ئۇنىڭ نۇتقى ئاددى ئەمما كۈچلۈۈك ئىدى. ئۇ مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگكىنىچە ھېلى تۈگۈپ ھېلى ئېچىپ تىنماي قول شىلتىيتتى. ئۇ مېنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ بەكلا نورىمالسىز بىرسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى؛ ئۇنىڭ غەلىتە بىر جۈپ كۆزى، بىنورىمال شىلتىپ تۇرىدىغان ئىككى قولى، غەلىتە بىر شەكىلدە باش چايقاشلىرى ھەقىقەتەنمۇ نورىمالسىز قىلىقلار ئىدى.” ئۇنىڭ شەخسى تۇرمۇشى ھەقىقەتەنمۇ نورىمال ئەمەس ئىدى. ئۇ يەنىلا شۇ بۇرۇنقى تيېرش كوچىسىدىكى بىنانىڭ قاراڭغۇ ئۆيىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ تۇرغان ئۆيى سەل چوڭ كېلىپ قالغاندەك قىلسىمۇ، بۇرۇنقىدەك ئۇنداق سوغۇق ئەمەس، ئەمما ئۆي سايمانلىرى يەنە شۇ بۇرۇنقى ئۆيىدىكىدەك بەكلا ئاز ئىدى.133 بۇ ئۆيىنىڭ كەڭلىكى بەك بولۇپ كەتسە ئون فودلا بولۇپ، ئىگىز باشلىق كارىۋىتى، بۇ ئۆينىڭ بىردىن-بىر تار دېرىزىسىمۇ بار ئىدى. يەرگە ئەرزان باھالىق كونا كىلىيونكا سېلىنغان؛ كارىۋىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئاددى بىر كىتاب ئىشكاۋى تامغا تىكلەگلىك ئىدى. تاملار ھەر تۈرلۈك رەسىملەر، گېزىت رەسىملىرى بىلەن قاپلانغان؛ كىتاب ئىشكاۋىنىڭ ئۈستىگە ھەر تۈرلۈك كىتابلار دۆۋىلەنگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن كىتابلار، گېرمانىيە تارىخى توغرىلىق كىتابلار، شۇنىڭدەك يەنە رەسىملىك ئانسىكلوپىيىدىن بىرىمۇ كۆزگە چېلىقاتتى. ئۇندىن باشقا يەنە كراۋۇسېۋىتز يازغان ئىمپېراتور فرېدېرىخ قىسقىچە تەرجىمىھالى، خوۋستون ستېۋارت چامبېرلايننىڭ «ۋاگنېر تەرجىمىھالى»، سۋېن خېدىننىڭ «ئەسلىمىلەر» كىتابى، بىر قانچە پارچە قەھرىمانلار رىۋايىتى، ۋون ۋارتېنبۇرگنىڭ «دۇنيا تارىخى»، «يەر شەكلى خەرىتىسى» دېگەندەكلەر بار ئىدى. خانفىستايىنگىلنىڭ دېيىشىچە ئىشكاپنىڭ ئاستىنقى قەۋەتىدىكىلەر پۈتۈنلەي رومان بولۇپ، ئارىسىدا ئېدۋارد فۇچس (ئۇ بىر يەھۇدىي) يازغان يېرىم سېرىق ھىكايىلار كىتابى، ھەمدە يەنە بىر پارچە «شەھۋانە سەنئەت تارىخى» دېگەن كىتابمۇ بار ئىكەن.
ھىتلېر ئولتۇرغان ئۆينىڭ غوجايىنى رېيچېرت خانىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىجارىچىسىنىڭ ئۆيى ھەددىدىن ئارتۇق جىمجىت ئىكەنمىش. “بەزى ۋاقىتلاردا، نەچچە ھەپتىلەپ قاپىقىنى تۈرۈپ ماڭا گەپمۇ قىلماي ئۆتۈپ كېتەتتى. ھەتتا بەزىدە مەن بۇ دۇنيادا يوقتەك چىرايىمغا قاراپمۇ قويماي ئۆتۈپ كېتەتتى. … گەرچە ئۇ ئۆي ئىجارىسىنى ئۆز ۋاقتىدا ياكى ئالدىن تۆلەپ تۇرغاندەك قىلسىمۇ، ئۇ بەرىبىر كەمكۈستىسىز بىر بوھېمىيىلىك ئىدى.” شۇنداق بولىشىغا قارىماي ئۇ بەرىبىر ياخشى بىرسى بولغاچقا، ئۆي غوجايىنى ئۇنىڭ بۇنچىلىك ئەيىپلىرىنى توغرا چۈشىنىپ كەچۈرىۋېتىش بىلەن بىرگە، كورىدوردا قويۇلغان رويالدىن پايدىلىنىشقىمۇ يول قويغان. ھىتلېرنىڭ تۇرمۇشى بەكلا ئاددى بولۇپ، ئادەتتە ’ۋولف‘ (بۆرى) ئىسىملىك يۇغان بىر بۆرى ئىتى ئۇنىڭ كەينىدە ئەگىشىپلا يۈرەتتى. ئۇ، ئۇرۇش مەزگىلىدە “تۈلكىچاق” بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغىنىدىن بۇيان، ئىتنىڭ سادىقلىقىغا ئامىراق بولۇپ قالغان ئىدى. ھىتلېرنىڭ ئىتلارنى بۇنچە ياخشى كۆرىشى ھەقىقەتەنمۇ پەۋقۇلئاددە بىر ئەھۋال ئىدى. “بەزى ئىتلار بەكلا دۆت كېلىدۇ. ئەمما ئەقىللىقلىرىمۇ كىشىنى قىزغاندۇرىدۇ” دەيدۇ. بۇنداق قاراڭغۇلۇق بىر ئۆيدە تۇرىۋاتقان ئادولف، ئاپىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئازاپلىنىپ پاجىئەلىك ئۆلۈپ كېتىشىنىمۇ كۆز ئالدىغا كەلتۈرىشى مۇمكىن. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا ئادولف «ئاپامنى ئەسلەيمەن!» دېگەن بىر شىئېر يېزىپ چىققان ئىدى. بۇ شىئېر ئىشتىن سىرتقى قىزىققۇچىغا خاس پۇراقلار كېلىپ تۇرغان بىر شىئېر بولغاندەك قىلغىنى بىلەن، يەنىلا ئىنتايىن باي مەنىلەرگە ئىگە بىر شىئېر ھېسابلىناتتى:
ئاپا ياشىنىپ قالدى،
دېمەك، مەنمۇ كىچىك ئەمەسمەن دېگەن گەپ.
كىچىگىڭدە ئويناپ-ئەكىلەپ يۈردۇڭ،
ئەندى ئېغىر مەسئولىيەت ئاستىداسەن.
ئاپاڭنىڭ سەمىمى سادىق مىھرىبان قاراشلىرى،
كۈنسايىن خۇنۇكلىشىپ بارىدۇ.
پۇت-قوللىرى تېلىپ،
ئۆزىنى ئارانلا كۆتۈرۈپ يۈرگىنىدە _ قوللىرىڭنى ئۇزات ئاپاڭغا،
باشلىرىنى سىلا، كۆڭلىنى ئال.
قايغۇلۇق كۈنلىرىڭ يېقىنلاشتى،
ئاخىرقى قەدەملىرىگە ھەمرا بول.
سورىغىنىغا جاۋاب بەر، يەنە سورىسا يەنە جاۋاب بەر!
قايتا-قايتا جاۋاب بەر ھەرگىز جاۋابسىز قويما.
ھەرگىز تىرىكمە، مۇلايىم بول، سىلىق بول!
ئاڭلىيالمىسا، ئۇقالمىسا، قايتىلاپ چۈشەندۈر، زىرىكمە.
يامان كۈنلەر بوسوغۇڭدا، ئۇنىڭ يوقىدا، ئاۋازىغىمۇ زار بولىسەن!134
ھىتلېر، ياش ۋاقىتلىرىدا كىشىلەرگە ئارىلاشماي يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بىرسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇرۇشتىن كېيىن بۇنداق يالغۇزلۇققا ھەرگىزمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولۇپ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلاتتى. گەرچە ئۇ بۇ قاراڭغۇ ئۆيىدە خۇددى تۈرمىدە ياشىغاندەك يالغۇز ياشىسىمۇ، ميۇنخېندىكى ئەرزان ئاشخانىلاردا، سالونلاردا، قەھۋىخانىلاردا ۋە قاۋاقلاردا پۈتۈنلەي باشقىچە ياشايتتى. ئادولف، ۋېيچارد قەھۋىخانا (خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ يېنىدىكى ئاشخانا)، كارلتون چايخانىسى (بريېننېر كوچىسىدا يوقىرى تەبىقە كىشىلىرى يىغىلىدىغان جاي) ۋە خېك رېستۇرانت (گالېريېن كوچىسىدا) قاتارلىق جايلارنىڭ دائىملىق خېرىدارلىرىدىن ئىدى. ئۇ پات-پات دېگىدەك خېك رېستۇرانتىغا كىرىۋېلىپ تېنىچ بىر بۇلۇڭنى تېپىپ سائەتلەرچە ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ھىتلېر ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئەنە شۇنداق يەرلەردە كۈزىتىپ يۈرەتتى.
ئۇ، ھەر دۈشەنبە كۈنى نېيۇمايېر رېستۇرانتىدا يېقىن سىرداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇراتتى. بۇ يەر كونا پاسوندىكى بىر قەھۋىخانا بولۇپ، پېتېر مەيدانىدىكى بىر كوچا دوخمۇشىغا جايلاشقان ۋىكتۋاليېن بازىرىنىڭ يېنىدا بىر يەر ئىدى. بۇ رېستۇرانت ئۇزۇن بىر كارىدور شەكلىدىكى ئاشخانا بولۇپ، تاملىرى تاختايلىق، ئورۇندۇقلىرى پولغا مىخلىۋېتىلگەن ئىدى. بۇ يەردە دائىملىق خېرىدارلار ئۈچۈن ساقلاپ قويۇلىدىغان ئورۇندا ئادولف ھىتلېر ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ئويلىرىنى مورتلىرىغا سۆزلەپ بېرەتتى (ئاڭلىغۇچىلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردىن تەشكىل تاپاتتى)، ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئالاتتى. يەنە شۇ يەردە ئۇلار بىر تەرەپتىن ئەرزان پۇللۇق كەچلىك تاماقلارنى بويرۇتقاچ (بەزىلىرىنى ئۇلار يېنىدا بىرگە ئالغاچ كەلگەن بولاتتى)، سۆزلىشىپ، چاخچاقلاشقاچ ئولتۇرۇپ غىزالىناتتى.
قالغان ئاخشاملىرى، ئادولف، فرانز جوزېف كوچىسىدا تۇرىدىغان ديېترىخ ئېكارتنىڭ ئۆيىدە ۋاقتىنى ئۆتكۈزەتتى. “ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەقىقەتەنمۇ ئىناق ئۆتەتتى. قاراڭلار، ئۇ كىچىك قىز ئەرنانى ئەكىلىتىشلىرىگە!” بۇ قىزىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئاننېرل بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆي غوجايىنى ئىدى. ئېكارت ئايالى بىلەن ئايرىم ئۆيدە تۇرىدىغان بولغىنىدىن كېيىن، ئاننېرل بىلەن بىرگە ياشىماقتا ئىدى. ياردەمچىسى بولغان خانفىستايىنگىل بەلكىم بۇ كۈنلەردە ھىتلېر بىلەن ئەڭ كۆپ بىرگە ئۆتىدىغان ئادەم ھېسابلانسا كېرەك. ئۇمۇ پات-پاتلا ھىتلېرنى ۋىللىئام بايارد خالې (بۇ كىشى پرىزدېنت ۋىلسوننىڭ پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر سىنىپتا ئوقىغان ساۋاغدىشى بولۇپ، خېئارست گېزىتخانىسىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ئەڭ مۇھىم مۇخبېرى) ۋە ۋىلخېلم فۇنك (ئۇنىڭ سالونى نۇرغۇنلىغان مىللەتچى باي سودىگەرلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇراتتى) دېگەندەك مۇھىم كىشىلەر بىلەن تونۇشتۇرۇپ قوياتتى. ئادولف، دائىم دېگىدەك خانفىستايىنگىل بىلەن بىرگە ئېلسا برۇكمان خانىم ئۇيۇشتۇرغان كەچلىك زىياپەتلىرىگە قاتنىشىپ تۇراتتى. بۇ ئايال ۋېنگرىيىدىكى ئاق سۈڭەك بىر ئائىلىنىڭ قىزى بولۇپ، نەشرىياتچى بىرسى بىلەن توي قىلغان ئىدى. بۇ ئايال ھىتلېر دېگەن بۇ ئادەمنىڭ سىياسىي ساھەلەردىكى جەلىپ قىلىش كۈچىدىن بەكلا تەسىرلىنەتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ھىتلېرنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇراتتى.
خانفىستايىنگىل ئۇنى بېچستېيىننىڭ تۇرىۋاتقان يېرىگە باشلاپ بارغىنىدا (ميۇنخېندىكى بىر مېھمانخانىدا تۇراتتى) ھىتلېر ياردەمچىسىگە: كىيىۋالغان شۇ كۆك چاپىنىمغا قاراپ بەكلا نومۇس قىلىپ كەتتىم، بېچستېيىن ئەپەندى كەچلىك كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسىلا كاستوم-بۇرۇلكا كىيىپ يۈرىشىدىكەن، كەچلىك زىياپەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ساپلا شامپان ئىچىشىدىكەن دەيدۇ. “سەن تېخى ئۇنىڭ مونچىسىنى كۆرمىدىڭ، مونچا سۇيىنىڭ ئىسسىقلىقىمۇ ئاپتوماتتىك تەڭشىلىدۇ.”
خانفىستايىنگىل، تيېرش كوچىسىدىكى ھىتلېرنىڭ كىچىك ھۇجرىسىنىڭ دائىملىق مىھمانلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. بىر كۈنى، ھىتلېر ئۇنى كارىدورغا چىقىپ (ئۇ يەردە بىر رويال قويۇلغان ئىدى) بىرەر نەرسە چېلىپ بەرسەڭ، ئازىراق ھۇزۇرلىنىۋالاي دەپ ئۆتۈنىدۇ. خانفىستايىنگىل بۇ كونىراپ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان رويال شۇنچە كۆپ پەدە قاچۇرۇپ تۇرغىنىغا قارىماي، يەنىلا بىر ئاماللارنى قىلىپ باخنىڭ پارچىلىرىدىن بىرنى ئورۇنداپ بېرىدۇ. ھىتلېر مۇزىكا ئاڭلىغاچ تىنماي باش لىڭشىتىپ تۇراتتى. ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى باشقا يەردە ئىكەنلىكى ئېنىق. خانفىستايىنگىل پەدە يۆتكەپ «شائىرلار كېچىلىكى» نىڭ باش مۇزىكىنى چېلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن چالغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ كونىراپ  ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن رويالنىڭ پەدىلىرى بەكىرەك بېسىۋەتسەم تۆكۈلۈپ يۈرمىسۇن دەپ ئېھتىيات قىلاتتى. ئۇ پەدىلەرنى باسقاچ “خۇددى لىسزىتيانغا ئوخشاش كۆرۈنۈشكە تىرىشىپ ئالاھىدە رومانتىك قىياپەتتە” چېلىشقا كىرىشىدۇ. ھىتلېر مۇزىكىدىن رەسمى ھاياجانلىنىشقا باشلاپ، تار كارىدوردا ئالدى-كەينىگە مېڭىپ كېتىدۇ. ھەتتا قوللىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ خۇددى بىر ئوركىستېر ئۆمۈكىگە رىژىسسورلۇق قىلىۋاتقاندەك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ كېتىدۇ. “بۇ مۇزىكا ئۇنىڭ روھىنى ئۇيغۇتىۋەتتى. مەن چېلىپ پۈتتۈرگىنىمدە ئۇ رەسمى ھاياجان ئىچىدە قېلىپ، بايىتىنقى غەم-ئەندىشىلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.”135
خانفىستايىنگىل، ھىتلېرنىڭ «شائىرلار كېچىلىكى» نى سۇدەك يادقا بىلىدىغانلىقىنى، “غەلىتە بىر ئاۋازدا ئىسقىرتىپ مۇزىكىنىڭ ھەربىر پەدىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغانلىقى” دىن بەكلا ھەيران قالىدۇ. ھىتلېر يەنە باخ، موزارت بىلەن بىر قاتارداشيۇمان، شوپىن ۋە رىچارد ستراۋسنىڭ بەزى ئەسەرلىرىنى بەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بېتخوۋېن بىلەن ۋاگنېرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ۋاگنېر ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدىغان ۋە ئۇنى چۈشىنىدىغان بىرسى ئىدى دەيدۇ خانفىستايىنگل. شۇڭا، ئادولف، ئۇنىڭ ئورۇندىغان ترىستان ۋە لوھېڭگرىن قاتارىدىكى بىر مۇنچە داڭلىق سىمپونىيە پارچىلىرىنى ئاڭلاپ پەقەتلا زىرىكمەيتتى.
خانفىستايىنگىلنىڭ پەزىلىتى ھىتلېرنى قىزىقتۇرغاچقا ئەتىراپىدىكى باشقا يېقىنلىرىغا ئۇنى ماختاپ تونۇشتۇرۇپ چىقىدۇ. “ئۇ، يېنىدىكى كىشىلەرنى ھىم ئېتىگلىك ئۆيىگە قاماپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى ياكى كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى. — دەپ يازىدۇ خانفىستايىنگىل ئەسلىمىسىدە، — ئەمما ئۇ يالغۇز مېنى يېنىغا ئېلىپ ئۆيمۇ-ئۆي ئايلىنىپ يۈرۈپ بۇ مېنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچۇم، ماڭا رويال چېلىشنى ئۆگۈتىۋاتىدۇ دەيتتى.” بىر قېتىم، فوتوگرافچى ھېينرىخ خوفماننىڭ ئۆيىدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى پۇتپولچىلار مارشىنى چېلىپ بېرىدۇ. ئۇ چۈشەندۈرۈپ كېلىپ، رىغبەتلەندۈرگۈچىلەر ئەترەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن مۇزىكانتلار ئەترىتى ئاممىنى ھاياجانلاندۇرالايدىكەن. ھەتتا تاماشىبىنلارنى ھىستېرىيە تەلۋىلىرىدەك ۋارقىرتىپ جارقىرتالايدىغان ھالغا كەلتۈرىۋېتىشىدىكەن. شۇنداق دەپ كېلىپ ھىتلېرمۇ دەرھال ھاياجان ئىچىدە قالىدۇ. شۇڭا ئۇ خانفىستايىنگىلنى رويال بىلەن قايتا ئورۇنداپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، گېرمانىيە مارشىنى ئامېرىكا مۇزىكىلىرىغا ئوخشاش ھاياجانلىق پەدىلىلەر بويىچە قايتا ئۆزگەرتىپ چىقىش لازىملىقىنى ئېيتىدۇ. “شۇنداق. — دەيدۇ ھىتلېر بىر تەرەپتىن ۋارقىراپ يەنە بىر تەرەپتىن خۇددى دۇمباقچىلار ئەترىتىنىڭ رېژىسسورلىرىدەك قولىنى ئويناتقىنىچە، — بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. مۇزىكا ئارقىلىق خەلقنى ھاياجانلاندۇرۇشنى ئۆگۈنىۋېلىشىمىز كېرەك!”
شۇنداق قىلىپ، خانفىستايىنگىل بۇ خىل ئاھاڭلارغا ئاساسەن ھۇجۇمچىلار ئەترىتى ئۈچۈن بىر قانچە خىل مارش نوتىسى ئىشلەپ چىقىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزگەرتىش قىلغىنى خارۋارد مارشىدىكى “ئۇر، ئۇر، ئۇر” دېگەن سۆزلىرىنى “خايىل، خايىل!” دېگەنگە ئۆزگەرتكەنلىكى ئىدى. خانفىستايىنگىل شۋابىڭدا ئولتۇراتتى. يەنى 1914-يىلى ھىتلېر ئوقۇماقچى بولغان شۇ چوڭ تىپتىكى مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۇدۇلىدا بىر بىنادا تۇراتتى. ھىتلېر ئۇنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىدى. بەلكىم ھىتلېرنى بەكرەك قىزىقتۇرىدىغىنى ئۇنىڭ ئايالى ھېلېنا بولىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئايال ئامېرىكىلىق نېمىسلاردىن بولۇپ، ئىگىز بويلۇق، چاچ، كۆز ۋە تەنلىرىنىڭ رەڭگى ھال رەڭدە كىشىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلىدىغان بىر ئايال ئىدى. ھىتلېر ئۆيگە كېلىشىدە ئۇچىسىدا ئۆزىگە ئىنتايىن ياراشقان كۆك سارجا كاستوم-بۇرۇلكىسى بار ئىدى. “ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قاملاشقان سالاپەتلىك، ھەتتا سەل-پەل ياسالما كۆرۈنۈشىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. — دەپ يازىدۇ خانفىستايىنگىل ئەسلىمىسىدە، — گەپ قىلغىنىدا خۇددى تۆۋەن تەبىقىدىكىلەردەك بەكلا تارتىنچاق قىياپەتتە ئىدى. ئەسلىدە گېرمانىيىدە ئۇ دەۋرلەردە يوقىرى بىلىملىك، ئاقسۈڭەكلىك ئۈنۋانى نىسبەتەن يوقىرى بولغان ئەربابلار ياكى ئىلمى جەھەتتە ئۇتۇق قازانغان كىشىلەرنىڭ گەپ قىلىش شەكلى ئومۇملاشقان بىر دەۋرلەر ئىدى.” روشەنكى، ھېلېنانىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى، سالاپەتلىك كۆرۈنىشى بىلەن ئۇنىڭ گۈزەللىكى باشتىن تارتىپلا ھىتلېرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى. ھىتلېر بۇ ئايالنى بەكلا ھۆرمەت قىلاتتى. ھەتتا ئۇنىڭغا چوقۇناتتى دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەيتتى. شۇنىڭدىن ئون يىل ۋاقىت كېيىن ھېلېنا ئېلان قىلىنمىغان ئەسلىمىسىدە 1923-يىلى باھاردا ميۇنخېن كوچىلىرىدا ھىتلېر بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغان ۋاقتىنى تەسۋىرلەپ كېلىپ: “ئۇ چاغدا ھىتلېر بەكلا ئۇرۇق، تارتىنچاق بىر يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ ھەقىق كۆزلىرىدىن كۆڭلى بىر يەردە ئەمەسلىكى چىقىپلا تۇراتتى. ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىمۇ بەكلا ۋەيرانە بولۇپ، ئەرزان باھالىق ئاق كۆڭلەك كىيىپ بوينىغا قارا رەڭلىك گالۇستۇك تاقىغان، ئۇچىسىدىكى پەلتوسىمۇ بەكلا ياراشمىغان قېنىق كۆك رەڭلىك خۇرۇم پالشوپكىسى ئۈستىگە كىيگىچىلىكى قالمىغان كونا كۈلرەڭ قوڭۇر ھەربى پەلتو ئىدى. پۇتىغا ئەرزان باھالىق قارا ئاياق كىيىۋالغان، بېشىدىمۇ سۇس كۈلرەڭ كونا شەپكە بار ئىدى. ئۇنىڭ كۆرۈنىشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ئىچىنى ئاغرىتاتتى” دەپ يازىدۇ.
ھېلېنا شۇ كۈنى رەتسىز كىيىملىك بۇ ھىتلېر دېگەن كىشىنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلغان. “شۇ كۈندىن باشلاپ، ھىتلېر ئائىلىمىزنىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلىنىپ ئائىلىمىزنىڭ راھەت مۇھىتىدىن تەڭ ھۇزۇرلىنىشقا باشلايدۇ.136 ئۆيدە ئوغلۇم بىلەن ئوينايتتى، گېرمانىيە ئىپىرىيىسىنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەققىدىكى پىلانلىرى، ئۈمىدلىرى ئۈستىدە سۆزلەپ كېتەتتى. باشقا كىشىلەرمۇ ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ تۇرغاندەك قىلسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىزنىڭ ئۆيدە بولۇشنى خالايتتى. چۇنكى بىز ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلىرىمىزدا باشقىلاردەك ئۇنداق ئاجايىپ-غارايىپ سۇئاللار بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ يۈرمەيتتۇق. شۇنىڭدەك بىرەرسىگە ئۇنى كەلگۈسىدىكى قۇتقازغۇچىمىز دەپ تونۇشتۇرۇپ قۇرۇق ماختاپمۇ كەتمەيتتۇق. ئۇ ئۆيىمىزدە كۆڭلى نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايتتى. مەسىلەن بىر چەتتە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇش ياكى خاتىرە قالدۇرۇش بىلەن خاتىرجەم شوغۇللىنالايتتى. بىز ئۇنى ئۆز بىلىپ، ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق مېھمان مۇئامىلىسى قىلمايتتۇق.”
ھېلېنا، ھىتلېرنى يۇمشاق كۆڭۈللۈك بىر ئادەم دەپلا بىلەتتى. بۇنىڭ بىر سەۋەبى، ھىتلېر ئۇنىڭ ئىككى ياشلىق ئوغلى ئېگونغا بولغان ئامراقلىقى ئۇنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. “ئېنىقكى، بۇ ئادەم بالىلارنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. ئەگەر بۇنى بىر ياسالمىلىق دەپ قاراشقا توۈرا كەلسە، ئۇ ھالدا، بۇ ئادەمنى ئۇستا بىر ئەرتىس دېيىشلا مۇمكىن.” بىر كۈنىسى، ئوغلى ھىتلېرنى قارشى ئالماقچى بولۇپ ئىشىككىچە يۈگىرىپ بارغىنىدا ئورۇندۇققا ئۈسىۋېلىپ يىغلاپ كېتىدۇ. “بۇ چاغدا ھىتلېر بالىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ’سەن مېنىڭ ئاپپاق ئوغلۇم ئېگوننى نېمىشكە يارىلايسەن‘ دېگىنىچە ئورۇندۇقنى تۇتىۋېلىپ ۋارقىراپ يالغاندىن ئۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنى كۆرگەن بالا خۇشال بولۇپ يىغىدىن توختاپ قىزىققىنىچە بۇ ئويۇننى تاماشا قىلىشقا باشلايدۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ ھىتلېر ئۆيگە كەلگىنىدە چوقۇم بۇ ئويۇننى بىر قېتىم تەكرارلايتتى. ئېگونمۇ بولۇشۇپ ’ئادولف تاغا، بۇ ئەسكى ئورۇندۇقنىڭ سۆڭگۈچىگىمۇ ئۇرۇپ بەرسىڭىز‘ دەپ يالۋۇرىدىغان بولدى.”
كۈز كەلگەندە، ھىتلېر بىلەن خانفىستايىنگىل ئائىلىسىدىكىلەر پۈتۈنلەي ئۆزلىشىپ تېخىمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلىشىدىغان بولىدۇ. ھىتلېرمۇ بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشقا مورتلىرىنىڭ قىلىقلىرىنى دوراپ (مەسىلەن ئۇنى بەكلا ئەتىۋارلايدىغان گيۆرىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى) بېرەتتى ياكى بولمىسا يەردە ئۆمىلەپ ئېگون بىلەن بىرگە ئويناپ كېتەتتى. ھىتلېر ئادەتتە بىر تەرەپتىن شاكىلات ئارىلاشتۇرۇلغان قەھۋە ئىچكەچ پاراڭغا چۈشسە سائەتلەپ گېپى تۈگىمەيتتى. بەزىدە ئۇ “جوھاننىسبېرگېر ھارىقى” نىمۇ ئىچىپ قوياتتى. ئەمما ئۇنىڭغا لىق بىر قوشۇق قۇم شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىچەتتى. ئۇلار ئادەتتە بىرلىكتە سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپمۇ كېلەتتى. بىر كۈنى ئاخشىمى بىرگە كىنوغا بېرىپ «فرېردېرىكۇس رېكس» دېگەن كىنونىڭ بىرىنچى قىسمىنى كۆرۈپ كېلىدۇ. ھىتلېرنىڭ بۇ كىنو فىلىمدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سەھنىسى ياشانغان كىنەزنىڭ تەھدىت قىلىپ تۇرۇپ شاھزادىنى كاللاڭنى ئالىمەن دەيدىغان يېرى ئىدى. كىنودىن چىقىپ قايتاشىدا: “بۇ نېمە دېگەن مەرتلىك، ئىنتىزامنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ ياشانغان پادىشا ئۆز ئوغلىنىڭ كاللىسىنى ئېلىشتىنمۇ يانمىغىنىنى قاراڭ!” — دەپ كىنونى باھالاپ كېتەتتى، —”گېرمانىيە قانۇنىنىمۇ ئەنە شۇنداق تۈزۈپ ئىجرا قىلىش كېرەك: يا ئۆز ئىختىيارىغا قويىۋەت، يا كاللىسىنى ئال!”
خانفىستايىنگىل ئەر-خوتۇن، ھىتلېرنىڭ بۇ تۈردىكى ئىنتايىن رەھىمدىل بىرسىدىن بىراقلا ئىنتايىن ۋەھشى بىرسىگە ئايلىنىپ قېلىشىغا قاراپ ئۇنىڭدىن قورقۇپمۇ قالاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ شەخسى تۇرمۇشى ھەققىدە بەكلا كۆپ سۆزلىشىپ كېتەتتى. مەسىلەن ئالايلى، ھىتلېر ئاياللار بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشنى خالايدۇ؟ دەيدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە بەكلا كۆپ تالىشىپ كېتەتتى. بىر كۈنى ھىتلېر ئۇلارغا “مېنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، خەلق ئاممىسى، پۈتكۈل خەلق، نەق بىر ئايال كىشىگىلا ئوخشايدۇ” دېگەن ئىدى. ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغۇچىلارنى ئايال كىشىگىلا ئوخشىتاتتى. “ئەگەر كىمىكى ئاممىنىڭ ئايال مىجەزلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيدىكەن، ئۇنداق بىرسى ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ناتىق بولالمايدۇ. سەن ئۆزەڭدىن سوراپ باق، ئاياللار ئەرلەردىن زادى نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟ ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنى كەسكىنلىك، ئىرادىلىك، كۈچ-ھوقۇق، ھەركەت قىلىش … ئەگەر سەن ئۇلار بىلەن مۇۋاپىق تۈردە سۆزلىشەلەيدىغانلا بولساڭ، ئايال خەق مەغرۇر ھالدا ئۆزىنى ساڭا قۇربان قىلالايدۇ، چۇنكى، ھەر قانداق بىر ئايال خەق ھېچقاچان مېنىڭ بەرگەن پىداكارلىقىم چېكىگە يەتتى دەپ قارىمايدۇ” دەيتتى. يەنە بىر قېتىمدا ئۇ، مەن ئۆمۈر بويى توي قىلماي ئۆتىمەن دەپ ئوچۇق ئېيتىدۇ. “ۋەتەن مېنىڭ بىردىن-بىر سۆيگۈنۈم، بىردىن بىر ئوبىكتىۋىم” دەيتتى. ئۇنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنى ھەممە ئاغزىدىن چۈشەرمەيدىغان “دۆلەت ئاتا” (گېرمانىيىنى كۆزدە تۇتماقتا) ئىدى. خانفىستايىنگىل ئۇنىڭدىن چاخچاق قىلىپ “سەن نېمىشكە بىرەر ئاشنا تېپىۋالمايسەن؟” دەپ سورىۋىدى، “سىياسەتنىڭ ئۆزى بىر ئايال دېگەن گەپ. — دەيدۇ ھىتلېر جاۋابەن، — سەن ئۇنى ياخشىلىقچە ياخشى كۆرمەيدىكەنسەن، ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى غاجىلاپ تۈگەشتۈرىۋېتىدۇ” دەيدۇ.
ھىتلېرنىڭ بەزى يېقىنلىرى، ئۇ شوپۇرىنىڭ قىزى جېننىي خاۋۇگنى ئاشنا قىلىپ يۈرىدۇ دەپ گۇمانلىناتتى. ئۇ قىز ھىتلېرغا بەكلا سادىقمىش؛ ھەتتا ئۇ قىز ھىتلېرنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قوغدىغۇچىسى بولۇپ قوغداش ئۈچۈن قولتۇقىغا بىر تاپانچا يوشۇرۇپ يۈرگىدەكمىش. ھېلېنا خانفىستايىنگىل خانىم بۇنداق گەپلەرگە ئىشەنمەيتتى. “ماڭغىنە، ئادولف بۇ جەھەتتە ئۇنچىلىك ھەددىدىن ئاشىدىغان شاللاق بىرسى ئەمەس!” دەيتتى.137
ھىتلېرنىڭ شۇ كۈنلەردىكى يېقىنلىرىدىن بىرسى ئۇلارنىڭ بۇنداق دېگەنلىرىگە پەقەتلا قوشۇلمايتتى. ھىتلېرنىڭ باشقا بىر شوپۇرى ئېممىي ماۋرىسمۇ “مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلماي بىرلىكتە قىز قوغلاپ يۈرەتتۇق” دەيدۇ كېيىن ئەسلەپ كېلىپ. ئۇلار ئىككىسى پات-پاتلا بىرلىكتە سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا ياكى رەسىم كۆرگەزمىخانىلىرىغا بېرىپ يالىڭاچ مودېللەرنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بەزىدە ھىتلېر ئىسمىنى “ۋولف ئەپەندى” دەپ ئاتاپ ماۋرىس بىلەن بىرگە ئاخشاملىرى كوچا-كويلاردا ئايلىنىپ قىز ئاختۇرۇپ يۈرەتتىكەن. ماۋرىس قىزلارنى ئۆزىگە قارىتىشقا ئۇستا بولغاچقا، ھىتلېرگە قىز تونۇشتۇرپ يۈرەتتىكەن. ماۋرىسنىڭ دىيىشىچە، ھىتلېر بۇنداق دەللال ۋاستىسىغا تايىنىپ قولغا چۈشەرگەن قىزلارنى ئۆز ئۆيىىدە كۈتىۋالاتتىكەن. ھەتتا يېنىدا بىر تىيىن پۇلى قالمىغان ۋاقىتلىرىدىمۇ دائىم دېگىدەك بۇنداق قىزلارغا گۈل دەستىسى سوۋغا قىلىپ تۇراتتىكەن. ئۇ يەنە “بىز پات-پات بالېت تىياتىرىدىكى ئارتىسلارنىمۇ زىيارەت قىلىپ تۇراتتۇق” دەيدۇ.
بۇ كۈنلەردە خانفىستايىنگىل ناتسىستلار پارتىيىسىگە خىزمەت قىلىشىنى پۈتۈن كۈنلۈك ئىشى ھالىتىگە ئايلاندۇرىۋالغان ئىدى. ھىتلېر، (يالغانچىلىق پەلسەپەسى سەۋەبىدىن) بەك كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدىغان مەسلىھەتچىسى روزېنبېرگتىنمۇ قورقماي مەسىلەھەت ئالاتتى. خانفىستايىنگىلنىڭ، بۇرۇتۇڭنى سەل چوڭايتىۋالساڭ بوپتىكەن، ھازىر بۇنداق كىچىك بۇرۇتلار بەك مودا ئەمەس دەپ ئېيتقان مەسلىھەتىگە قارىتا: ھازىر مودا بولمىغاندەك قىلغىنى بىلەن، مېنىڭ باھانەمدە كەلگۈسىدە چوقۇم مودا بولۇپ كېتىدۇ، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ھىتلېر مەسلىھەتىنى رەت قىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا خانفىستايىنگىلدىن قەرزگە پۇل ئېلىپ تۇراتتى. بىر قېتىم ھىتلېر ئۇنىڭدىن ئۆسۈمىمۇ يوق مىڭ دوللار قەرز ئالىدۇ. شۇ كۈنلەردە خانفىستايىنگىل ئاتا-ئانىسىنىڭ نيۇيوركتا ئاچقان سەنئەت رەسىملەر دۇكىنىدىن ئۆزىگە تەۋە پايدا ئۆلىشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى. بۇ پۇلنى پاخاللاشقان ماركقا ئالماشتۇرغىنىدا ئۇنىڭ قولىغا بەكلا كۆپ پۇل كېلىدۇ. ھىتلېر بۇ قەرز پۇلغا  ئامېرىكىدا ياسالغان ئىككى يۈرۈش شىپىگىراف ماشىنىسى سېتىۋېلىپ «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» نى ھەپتىلىكتىن كۈنلۈك گېزىتقا ئۆزگەرتىدۇ.
خانفىستايىنگىل ھەقىقەتەنمۇ ھىتلېرغا مەرتلىك قىلىپ ياردەمدە بولۇپ يۈرگەن ئىدى. ئەمما ھىتلېر ئۇنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىپ ئۇ بەكلا يامان كۆرىدىغان دۈشمىنىنى داڭلىق بىرسىگە ئايلىنىدىغان ئورۇنغا تەيىنلەيدۇ. يەنى ھىتلېر، ھەپتىلەپ ئىشقا كەلمەيدۇ دېگەننى باھانە قىلىپ «كۈزەتكۈچىلەر» گېزىتىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئېكارتنىڭ قولىدىن ئېلىپ روزېنبېرگكە تاپشۇرىدۇ. بۇ ۋەزىپە، روزېنبېرگنى شەرق مەسىلىلىرى بويىچە پارتىيىنىڭ مۇتەخەسسىسى ھالىغا كەلتۈرۈش بىلەنلا قالماي، ئۇنى شېۋبنېر رىچتېرقا ئوخشاش روسىيىدىن قېچىپ چىققانلار ئارىسىدىكى تەسىرىنىمۇ كۈچەيتىپ بېرىدۇ. رىچتېر دېگەن بۇ كىشى بەكلا سىرلىق بىرسى بولۇپ، گېرمانىيىدىكى كاپىتالىستلار ۋە يوقىرى تەبىقە جەمئىيىتىنىڭ ئادەملىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار بولغاچقا، لۇدېندورف ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت باغلىغۇچىلىق رولىنى ئويناشتىن باشقا ھىتلېرنىڭ بارغانسىرى ئەتىۋارلىق مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرسىگە ئايلانماقتا ئىدى. بارلىق روسىيە مۇساپىرلىرى بولشېۋىكلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا كاللىسى چار پادىشانىڭ يەھۇدىيلارنى يوقۇتۇش ھىلىمىكىرلىرى بىلەن تولغان ئىدى. يەنى يەھۇدىيلارنى يوقۇتۇشنىڭ بىردىن بىر چارىسى تېررورلۇق ۋە زورلۇق كۈچىدىن پايدىلىنىش دەپ قارايتتى. بۇ تۈردىكى تەۋەككۈلچىلەرنىڭ قارىشىچە، يەھۇدىيلارغا قارشى ئىجتىمائىي ياكى ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنىڭ ھېچقايسى كارغا كەلمەيدىكەن. يەھۇدىيلارنى كەڭ كۆلەمدە قىرىپ تاشلاش ئارقىلىقلا ئۇلاردىن قۇتۇلۇش مۇمكىن دەپ قارىشاتتى.

4
ھىتلېر، 1923-يىلى ئەتىيازدا بەكلا ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىۋاتقىنى پۇل ئىدى. شۇڭا ئۇ، ھەر تەرەپكە قاتىراپ يۈرۈپ پارتىيىسى ئۈچۈن پۇل يىغىشقا كىرىشىدۇ. ئاپرېلنىڭ باشلىرىدا، ھىتلېر بىلەن خانفىستايىنگىل ئىككىسى ماۋرىسنىڭ شوپۇرلۇقىدا ھىتلېرنىڭ سېلۋې ماركىلىق خوجايىنلار پىكاۋىغا ئولتۇرۇپ بېرلىنغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار يولدا نۇرغۇن جايلارنىڭ كوممۇنىستلار تېزگىنىدە تۇرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ساكسونىيەدىن ئايلىنىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر ئىدى. ئۇلار لېيپزىگنىڭ شىمالىغا كەلگەندە قىزىل قوغدىغۇچىلار تەرىپىدىن توسىۋېلىدۇ. سۈرلۈك قىياپەتتىكى خانفىستايىنگىل شىۋىتسارىيە پاسپورتىنى كۆرسىتىپ،138 ئامېرىكا شىۋىسىدىكى نېمىسچىسى بىلەن ئۆزىنىڭ چەتئەللىك قەغەزچىلىك سودىگىرى ئىكەنلىكىنى، گېرمانىيىگە كېلىشتىكى مەقسىدىنىڭ لېيپزىگ يارمەنكىسىگە قاتنىشىش ئىكەنلىكىنى، ماشىنىدىكىلەرنىڭ بىرسى ئۇنىڭ شوپۇرى، يەنە بىرسى بولسا ئۇنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھىلىسى ئىشقا يارايدۇ. ئۇلار قىزىل مۇھاپىزەتچىلەردىن قۇتۇلۇپ يولغا چۈشكىنىدە ھىتلېر “ئۇلار مېنى بىلىپ قالسا كاللامنى ئېلىشتىن يانمايتتى” دېگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر خىزمەتچى دەپ تونۇشتۇرۇلىشىدىن بەكلا كۆڭۈلسىز بولغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.
بېرلىندا ئۇلار ھەممىلا يەرگە قاتىراپ يۈرۈپ پۇل تىلەش بىلەن قالماي، يەكشەنبە كۈنىسى ھەربى مۇزىي بىلەن دۆلەتلىك گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىخانىسىنىمۇ زىيارەت قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ. ئۇلار گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىخانىسىنى زىيارەت قىلغاندا، ھىتلېر، رېمبراندتنىڭ «ئالتۇن دۇبۇلغىلىق ئادەم» دېگەن رەسىمى ئالدىدا تۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇ، رەسىمدىكى ھەربىلەردەك قەھرىمانلارچە ئىپادىسىگە بەكلا دىققەت قىلىدۇ. ئۇ ھەمرايىغا قاراپ، بۇ رەسىمدىكى قەھرىمان تەسۋىرىنى كۆرسىتىپ بۇ ئۇلۇغ رەسسام “گەرچە ئامىستىردامنىڭ يەھۇدىيلار رايونىدا نۇرغۇنلىغان رەسىملەرنى سىزغان بىرسى بولىشىغا قارىماي، ئۇنىڭ تۇيغۇلىرى يەنىلا ئارىيان ئىرقى بىلەن نېمىس مىللىتىدىن كەلگەنلىكىنى دەلىللەپ بەرمەكتە!” دەيدۇ. ئاندىن ئۇلار لۇنا پاركىدا ئاياللار بوكسۇر مۇسابىقىسىنى كۆرىدۇ. مۇسابىقە جەريانىدا ھىتلېر بەكلا سوغۇق قاراپ تۇرىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي يەنە بىر قانچە مەيدان كۆرەيلى دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ. مۇسابىقىنى كۆرۈپ بولۇپ، ھىتلېر يېنىدىكىلەرگە “بوكسۇرچىلىقنى ھەر قانچە ياۋايىلىق دېسىمۇ گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان قېلىچۋازلىق مۇسابىقىسىدىن مىڭ ياخشى دېيىش كېرەك” دەيدۇ.
ئەتىسى ئۇلار بېرلىندىن ئايرىلىپ، ساكسونىيەدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ يۇرتىغا قايتىدۇ. ھىتلېر سەپەر زىرىكىشىنى چىقىرىش ئۈچۈن يول بويى ۋاگنېر ئوپراسىنىڭ ھەر بىر پەردىسىنىڭ مۇزىكىسىغا ئىسقىرتىپ ماڭىدۇ. ھەتتا قوللىرىنى ئوينىتىپ ئۇسۇللىرىنىمۇ كۆرسىتىپ ھەمرالىرىنى زېرىكتۈرمەيدۇ. ھەتتا ئۇ بىيىت بىلەن ئاخىرلاشقان بەكلا ئۇزۇن بىر ئېيتىشىشنىمۇ يادقا دېكلىماتسىيە قىلىپ بېرىپ ئۆزىنى ئۆزى شاڭخو قىلىپ كۈلۈپ كېتىدۇ. خانفىستايىنگىل كېيىن ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: “ھىتلېر خۇشال ۋاقىتلىرىدا ئۆزى قايتا ئۆزگەرتىپ چىققان شىئېرلارنى دېكلىماتسىيە قىلىپ بېرىپ ھەممىمىزنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىۋىتەتتى.”
ئۇلار رىچارد ۋاگنېرنىڭ يۇرتى بايرېئۇتقا چۈشۈپ ئۆتىدۇ. بۇ يەردە ئۇلار ئايەم تىياتىرخانىسىغا كىرىدۇ. تىياتىرخانىغا دەرۋازىۋەن باشلاپ كىرگەن ئىدى. سەھنە دېكلاراتسىيىسى «ئۇچار گوللاندىيىلىك» ئۈچۈن لايىھىلەنگەن پىتى تۇراتتى. 1914-يىلى ئۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن بېرى، بۇ تىياتىر ئىزچىل تۈردە بۇ يەردە ئوينالغان ئىدى. خانفىستايىنگىلمۇ بۇ سەھنە كۆرۈنۈشىنى كۆرگەندىن كېيىن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي “بۇ ئويۇننىڭ ئەڭ دەسلەپكى سەھنە كۆرۈنىشىنى ئۇنىڭ چوڭ بوۋىسى فېردىناند ھېين لايىھىلەپتىكەن” دەپ ماختىنىۋالىدۇ. بۇ كۆرۈنۈشلەر ھىتلېرنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدۇ. بولۇپمۇ ۋاگنېرنىڭ كۈتۈپخانىسى ئۇنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىدۇ. كۈتۈپخانا تېمىدا ۋاگنېرنىڭ سەنئەتچىلەر بىلەن خىزمەتچىلەر دىققىتى ئۈچۈن يازغان بېغىشلىمىسى ھېلىمۇ جايىدا ئېسىىغلىق ئىدى.
شۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى چۈشلۈك تاماققا توختىغان ۋاقتىدا ھىتلېر، لېيپزىگ شەھەر سىرتىدا كۆرگەن “ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ناپالىئونغا قارشى ئۇرۇش ئوپىراتسىيىسى” نى خاتىرىلەش ئۈچۈن تىكلەنگەن مۇنارە ھەققىدە گەپ قوزغايدۇ. ھىتلېر، بۇ ھەقتە توختىلىپ دېگەن مۇلاھىزىلىرى خانفىستايىنگىلنى قاتتىق غەمگە قويىدۇ. شۇ چاغدا ھىتلېر “كېيىنكى قېتىملىق ئۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئىش، بىز رۇسىيىنىڭ غەربىدىكى ئاشلىق مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش يوللىرىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرۈشىمىز شەرت” دەيدۇ. بۇ گەپلەر، روزېنبېرگ بىلەن قالغان روسسىيىلىك دوستلارنىڭ ھىتلېرغا يەنە ئۆز گېپىنى سىڭدۇرۇشقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. خانفىستايىنگىل بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، روسسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغاننىڭ قىلچە پايدىسى يوق. ئەسلى بىزنىڭ دىققەت نەزىرىمىز زور كۆلەملىك سانائەت ئاساسىغا ئېرىشىۋالغان ئامېرىكىغا قارىتىلىشى كېرەك. “ئەگەر سەن ئۇلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويساڭ، ئۇ چاغدا كەلگۈسىنىڭ ئۇرۇشىنى قوزغاتماي تۇرۇپلا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولىسەن” دەيدۇ. ھىتلېر بۇ گەپلەرگە ئېنىق بىر نېمە دېمەي دۇدۇخلىغىنىچە ئۆتكىزىۋېتىدۇ. روشەنكى، بۇ گەپلەرگە تولۇق قايىل بولمىغان ئىدى.
ھىتلېر ميۇنخېنغا يېتىپ كېلەر-كەلمەي دەرھال فرانسىيەنىڭ رۇرنى ئىشغال قىلىۋېلىشىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتىگە تۇتۇش قىلغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئايلاندۇرۇپ كېلىپ بەكرەك قىزىقىدىغان ئىشى، خەلقىنى قوزغىلىپ يەھۇدىيلارغا قارشى ھەرىكەتكە ئاتلىنىشىنى كۈشكۈرتىشكە قارىتىدۇ. مەسىلەن، 13-ئاپرېل كۈنى، ھىتلېر ئۇلارنى بىۋاستە تەنقىتلەپ، رۇرنىڭ ئىشغال قىلىۋېلىنىشىغا، ئۇرۇشتا مەغلوب قىلىنىشقا ھەمدە مال باھالىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە بىۋاستە سەۋەپچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.139 ئۇ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: “ئاتالمىش دۇنيا تىنچلىقپەرۋەرلىكى” دېگىنى ئەسلىدە يەھۇدىيلار كەشىپ قىلغان نەرسە؛ پرولېتارلارنىڭ داھىسىمۇ بىر يەھۇدىي (“مانا ساڭا بىر يەھۇدىي!”)؛ ئورتاق ئىقتىسادىي  جەمئىيىتى دېگىنىمۇ يەھۇدىيلارنىڭ بىر قورالى (“مانا ساڭا يەنە بىر يەھۇدىي!”)؛ ئەسلىدە يەھۇدىيلار ھىلىمىكىرگە تايىنىپ دۇنيانى قولغا كىرگۈزمەكچى! شۇڭا ئۇلار، “كونا ۋەدىلەرنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن روسىيە بىلەن گېرمانىيە چوقۇم ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشى كېرەك! بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانى باش ئەگدۈرۈش لازىم! بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر يالغانچى تەشۋىقات ئورگىنىنى خالىغانچە ھەرىكەت قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ ئاخىرىدا ساقلىنىپ قالغان بىردىن-بىر غايىلىك دۆلەتكە، يەنى گېرمانىيىگە قارشى ئاتلىنالايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ دەپ جار سېلىشماقتا! شۇ ئارقىلىق، دۇنيا ئۇرۇشىدا غالىپ چىقىدىغان تەرەپ يەھۇدىيلار بولىدۇ! ياكى باشقىچە ئېيتقاندا، سىلەر فرانسىيىنىڭ، ئەنگىلىيىنىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشتا غالىپ كېلىشىنى خالايتتىڭلارمۇ؟” ھىتلېر نۇتقىنى تۈگەتكىنىدە ھاياجان ئىچىدە دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئىككى مىليون نېمىس ئۈچۈن، شۇنىڭدەك مىليونلارچە يىتىم-تۇللار، مېيىپ قالغانلار ئۈچۈن ھەققانىيەت تەلەپ قىلايلى، بۇ مىليونلىغان خەلق ئۈچۈن چوقۇم يېڭى گېرمانىيە قۇرۇپ چىقايلى! دەپ شۇئار توۋلايدۇ.ھىتلېر يەھۇدىيلاردىن نەپرەتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلاردىن قورقىدىغانلىقى ئۈچۈن رىياللىقتىن ھالقىپ سۆزلەشكە باشلايدۇ. ئۇ، يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشتا گەرچە مەنتىقىلىق سۆزلەردىن پايدىلىنىپ مەقسەتلىرىنى ئىپادىلىگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەنتىقىنىڭ بارلىق چەكلىرىدىن ئاللىمۇقاچان ئاشۇرىۋەتكەن ئىدى. ئۇ دۇنيانى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ تەسۋىرلىمەكتە ئىدى: ئەسلىدە فرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ئۇرۇشتا ھەقىقى مەغلۇپ بولغانلار، گېرمانىيە يەھۇدىيلار تېزگىنىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلانغانلىقى سەۋەبىدىن ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبە قىلىدىغىنى چوقۇم گېرمانىيە بولىدۇ دەيتتى. ئەگەر ھىتلېر بۇ دېيىشلىرى بىلەن ئۆزىنى ئالداۋاتىدۇ دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ ھالدا، ھىتلېر شۇ قاتاردا تەرەپتارلىرىنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىلەن ئالدىماقتا دېيىش كېرەك. ھىتلېر ئۇستىلىق بىلەن يوشۇرۇن ئىپتىدائى ھېسسىياتنى ئۇيغاتماقتا ئىدى، خەلق ئاممىسى مىتىنگدىن ئايرىلغىنىدا ئۇلارنىڭ ئەقلىدە بىرەر ئاقار يۇلتۇزدەك بەكلا ئاز نەرسىلەر قالغان ئىدى. خەلق ئاممىسىنىڭ ئەقلىدە قالغىنى، ھىتلېرنىڭ كرىست ئارمىيىسى سېپىگە قاتنىشىش ئارقىلىق گېرمانىيىنى قۇتقۇزۇش؛ فرانسىيەنى چوقۇم رۇردىن قوغلاپ چىقىرىش؛ ئەڭ مۇھىمى يەھۇدىيلارنى چوقۇم تىگىشلىك يېرىگە يوللاش دېگەندەكلەر سۆزلەر ئىدى.
ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە، ھىتلېرنىڭ نۇتۇق سۆزلەش ئۇسلۇبىدا زور ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ قول ھەرىكىتىمۇ نۇتقىغا ئوخشاش كۈرمىڭ خىل ئۆزگىرىپ تۇراتتى. بولۇپمۇ خانفىستايىنگىلنىڭ دىققىتىنى بەكىرەك تارتقىنى بىلىكىنى ئۇشتۇمتۇت يوقىرى كۆتۈرىشى ئىدى. “ئۇنىڭدا ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ ئوركىستېر رېژىسور خاراكتېرى بار ئىدى. ئادەتتە ئۇلۇغ بىر رېژىسور قولىنى تۆۋەنگە سىلكىپ تەڭكەش قىلىپلا قالماي، چوكىسىنى يوقۇرى سىلكىش ئارقىلىقمۇ ئىچكى رېتىم ۋە مەنىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرالىشى مۇمكىن.” ھىتلېر نۇتقىدا ئەنە شۇنداق مۇزىكا بىلىملىرى بىلەن تۇيغۇلاردىن پايدىلىنىپ نۇتقىنى كىشىنى ئۇرغۇتىدىغان مۇزىكا رېتىمىغا ئايلاندۇرىۋالغان. يەنى ئۇ، نۇتقىنىڭ دەسلەپكى ئۈچتە ئىككى قىسمىدا مارش رېتىمىدا سۆزلىگەن بولسا، قالغان ئۈچتە بىر قىسمىدا رېتىمىنى تۇيۇقسىز تېزلىتىپ جوشقۇنلۇق ھالنى پەيدا قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇ ئاۋاز تونلىرىنىمۇ ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن تەڭشەپ ئىشلىتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ خىيالىدا قايسى بىر رىقابەتچىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك نۇتۇق سۆزلىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنى دوراش ئارقىلىق تەتۈر ئىسپاتلاش ئارقىلىقمۇ پەرىزىدىكى بۇ دۈشمىنىنى بىت-چىت قىلىۋېتىش ئۇسۇلىنى ئىشقا سېلىپ ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەتلىك نۇتۇق تەسىرىنى پەيدا قىلالايتتى. ئاندىن قايتا ئۆز تەپەككۈر ئۇسلۇبى بويىچە نۇتقىنى داۋام قىلدۇراتتى.
گەرچە ئۇنىڭ نۇتقىنىڭ قۇرۇلمىسى بەكلا مۇرەككەپتەك قىلسىمۇ، ئاساسلىق مەقسىدى ئورتاق ھاياجان پەيدا قىلىش بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاسانلا ماسلىشىپ كەتكىلى بولاتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ بىر مەزمون بىلەن يەنە بىر مەزمون ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشقا ھېسسىيات، يەنى غەزەپ، نەپرەت، ۋەھىمە، مۇھەببەت ياكى ئۆچمەنلىكنى قىستۇرۇپ سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن خەلقنى قىلچە زىرىكتۈرمەي بىر تېمىدىن يەنە بىر تېمىغا بەكلا ئاسان ئاتلىيالايتتى. گەرچە ئۇنىڭ نۇتقى بەكلا ئەگرى-توقايلىقلار بىلەن تولغان مۇرەككەپ بىر ۋەقەلىكتەك قىلسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئىنتايىن ماھارەتلىك بىر سەنئەتچىنىڭ تاماشىبىنلارنى قايسى بىر ئويۇن سەھنىسى ئىچىدىكى مۇرەككەپ پەردىلەرنى چۈشىنەلىشىگە يىتەكلىيەلىگىنىگە ئوخشاش مەيداندىكى خەلقنىمۇ ئۆزى خالىغان تەرەپلەرگە قاراپ يىتەكلىيەلەپ كېتەلەيتتى.140
ھىتلېردا، مىتىنگ مەيدانىدىكىلەرنى نۇتقىنىڭ مەزمۇنى ئىچىگە تارتىپ كىرەلەيدىغان بەكلا كام ئۇچىرايدىغان بىر قابىلىيەت بار ئىدى. “مەن خەلق ئاممىسىغا نۇتۇق سۆزلىگىنىمدە، بولۇپمۇ پارتىيە ئەزاسى بولمىغانلارغا قارىتا، ياكى قانداقلا بىر سەۋەپ تۈپەيلىدىن بولمىسۇن پارتىيىمىزدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان كىشىلەرگە خىتاپ قىلغان ۋاقتىمدا، گۇيا ۋەتىنىمىزنىڭ تەغدىرى دەل شۇ كىشىلەرنىڭ قارار قىلىشىغىلا باغلىنىپ قالغاندەك سۆزلەيتتىم. — دەيدۇ خانفىستايىنگىلغا، — ئۇ كىشىلەرنى قالغانلار ئالدىدا ئۈلگىلىك رول ئويناپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىما قىلاتتىم. شۆبىھسىزكى، بۇنداق سۆزلىرىم ئۇلارنىڭ ئابرويپەرەستلىكى بىلەن جاسارىتىنى ئۇرغىتىۋىتەتتى. مەن بۇ مەقسەتكە ئېرىشەلىگەنلا بولىدىكەنمەن، قالغان مەسىلىلەر بەكلا ئاسان ھەل بولۇپ كېتەتتى. — ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، — مەيلى باي، مەيلى كەمبەغەل بولسۇن، بارلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۆز ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدىغان بىر تۇيغۇ بولىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر يەردە ئېغىر مۇگىدەش ئىچىگە پېتىپ قېلىش بار ئىكەن، دېمەك مەلۇم بىر يېڭىچە تۇرمۇش شەكلى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى پىداكارلىق كۆرسىتىش ياكى مەلۇم بىر تەۋەككۈلچىلىك ھەرىكىتى ئاخىرقى خەۋىپلىك نوقتىسىغا كېلىپ توختاپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ نوقتىغا كېلىپ قالغانلار ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تەۋەككۈل قىلىپ دوغا چىقىشقا تەييار ھالغا كەلگەن كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭ ۋەزىپەم، دەل شۇ ھەۋەسلىرىنى سىياسىي يولغا باشلاشتىنلا ئىبارەت. ئەسلىدە، ھەر قانداق بىر سىياسىي ھەرىكەت ئۆزىنىڭ ھىمايىچىلىرىنى (مەيلى ئۇلار ئايال ياكى ئەر بولسۇن)، ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئۆز پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ياكى باشقىلار ئۈچۈن ئەڭ بەخىتلىك كۈنلەرنى مەقسەت قىلىش ئاساسىغا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. … خەلقنىڭ ئىجتىمائى ئورنى قانچىكى تۆۋەن بولىدىكەن، ئۇلاردا ئۆز ئورنىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرەر يوقىرى غايىگە ئىنتىلىشىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ئەگەر مەن ئۇلارنى قايىل قىلالايدىغانلا بولىدىكەنمەن، ئۇلارنى گېرمانىيىنىڭ تەغدىرى خەۋىپ ئاستىدا ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرەلەيدىغانلا بولىدىكەنمەن، ئۇلار چوقۇم ھەرىكەتنىڭ قەتئىي تەڭ كەلگىلى بولمايدىغان ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنالايدۇ. شۇڭا بۇنداق بىر ھەرىكەت بارلىق تەبىقە كىشىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىشى كېرەك” دەيدۇ.
ھىتلېرنىڭ ھەربى ۋەزىيەت ھەققىدىكى ئاجايىپ دەبدەبىلىك بىلەن قالتىس ماھارەتلىك ئۇسلۇپتا ئوتتۇرغا قويغان غەلىتە ئەقىدىلىك ئويۇنلىرىغا قارىتا نۇتۇق ئاڭلىغۇچىلىرى ئەزەلدىن تەييارلىقتا بولاتتى. ئادەتتە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مۇزىكىلار بىلەن لەپىلدەپ تۇرغان بايراقلاردىن باشقا يەنە يېڭى بىر ئۇسلۇپ — ھىتلېر ئۆز قولى بىلەن لايىھىلەپ چىققان رىم پاسونى بايراق بىلەن سالام پاسونىنىمۇ پەيدا قىلغان ئىدى. بەلكىم بۇ ئىككىسىنىلا مۇسسولىننىڭ قېدىمقى رىم كايسەرلىرىدىن ئۈلگە ئالغىنىدىن كۆچۈرۈپ كەلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇ، بىلەك سالىمىنى نېمىس پاسونى سالام دەۋالغان ئىدى. “مەن ’ھاشارەتلەر قۇرۇلتىيى‘ نىڭ يىغىن مەنزىرىسى تەسۋىرلىرىنى ئوقىغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئەنە شۇنداق نېمىس سالىمى بىلەن لۇتېرغا سالام بېرەركەندۇق. بۇ نەرسىلەر خەلقنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەسىلىنى قۇراللىق ھەل قىلىش يولىنى تۇتماي بەلكى تىنچ كۆرۈشۈشنى تاللىۋالغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەندۇق. … بەلكىم 1921-يىلى (ئېنگلىزچىدىن تەرجىمىدە 1931-يىلى دەپ خاتا ئېلىنغان — ئۇ. ت) بولسا كېرەك، برېمېندىكى راتسكېللېر پىۋىخانىسىدا بۇ تۈردىكى بىلەك ئۇزارتىپ سالام بىرىشنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئىدىم.” بۇنداق بىلەك سالىمىنىڭ كېلىش مەنبەسى نەدىن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، شاد-خۇراملىق مۇزىكا سادالىرى ياڭرىغان  تىنچ يىغىلىشلاردا بۇنداق قول كۆتۈرۈپ “خايىل! — ياشىسۇن!” دىگەن ئاۋازلار ئىچىدە بىلەك سالىمى بېرىش، ھەقىقەتەنمۇ خەلق ئاممىسىغا، بىز ھەقىقى نېمىس ئاۋازىنى ئاڭلىماقتىمىز، دېگەن ئىشەنچنى تۇرغۇزاتتى.

ھىتلېر، فرانسىيە بىلەن يەھۇدىيلارغا قارشى ئاشكارە جار سالغان كۈنىسى، باۋارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاشكارە زىتىغا تەگكەن كۈنى ئىدى. ئۇ، باۋارىيە باش مىنىستىرىنىڭ زىيارىتىگە بارىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغان كىشى سابىق ئوفىتسېرلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ ئادەم “كۈرەشچان تەشكىل خىزمەت گۇرۇپپىسى” دېگەن شەخسى قۇراللىق قوشۇننىڭ قۇماندانى ئىدى. بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى دېگىنى، ئەسلىدە ئوڭچىل ئاكتىپلار گۇرۇھىنىڭ داشقاينىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇ ئىككىسى باش مىنىستېرغا ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتومىنى تاپشۇرۇپ، ھۆكۈمەتتىن «جۇمھۇرىيەت قوغداش قانۇنى» نى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ۋېيمار دائىرىلىرى بۇ تەلەپنى رەت قىلغىدەك بولىدىكەن، ئۇ ھالدا باۋارىيە  قانۇنىغا ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىق ھېسابلىناتتى.
شۇ كۈنى ئايغا 13 (ئېنگلىزچىدىن تەرجىمىدە  19-چىسلا دەپ خاتا يېزىلغان — ئۇ. ت)، جۇما كۈنى بولىشىغا قارىماي، ھىتلېر شەنبە كۈنى جاۋاب بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەلەپ جاۋابسىز قالغانلىقى ئۈچۈن، ئوڭچىل رادىكال ھەربىيلەر گۇرۇھى يەكشەنبە كۈنى “ھەربى مانېۋىر” ئۆتكۈزىدۇ. شۇ كۈنى پاسخا بايرىمى ئىدى. ھىتلېر، ئېستېر بىلەن بىرگە ئۈستى ئوچۇق ماشىنىدا ئۆرە تۇرىدۇ. ھۇجۇمچىلار ئەترىتى — ئېس-ئاچىلار بىلەن پۇخرا تەرەپپازلار قاتار تىزىلىپ ئالدىدىن ئۆتىۋاتقىنىدا ھىتلېر بىلەك سالىمى بېرىدۇ.141 گيۆرىڭنىڭ شەخسى پىكاۋى ئىچىدە ئولتۇرۇپ قاراپ تۇرغان ھېلېنا خانفىستايىنگىل، ھىتلېرنىڭ كۆزلىرىدىن غالىپلىق ۋە رازىمەنلىك ئىپادىسى چاقناپ تۇرغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ. پارات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھىتلېر “چىرايلىق بىر دەستە ئەتىر گۈل” ئېلىپ خانفىستايىنگىللار ئۆيىگە كېلىپ، ھېلېنا خانىمغا تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن گۈلىنى سوغات قىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار بىرلىكتە ئولتۇرۇپ خوشال-خوراملىق ئىچىدە بىرەر سائەت چاي ئىچىشىدۇ. بۇ جەرياندا ھىتلېر تىنماي قىزىق گەپلەرنى قىلىپ ئۇلارنى كۈلدۈرۈپ ئولتۇرىدۇ. ئەمما ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە، يەنى نۆۋەت ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەشكە كەلگەندە پەقەتلا ئېچىلالماي جىمىپ كېتىدۇ. ئۇ خانفىستايىنگىلغا ئۈستىدە كرىست بەلگىسى بولغان تۇغۇلغان كۈنى تورتلىرىنى، شۇنىڭدەك ئۇنداق بەلگە چۈشۈرۈلگەن باشقا ھەرقانداق نەرسىلەرنى ھەرگىز يىمەيلى دەپ قاتتىق جىكىلەيدۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭ بۇ تار ئۆيى كرىست بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن تورتلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. “شۇنى ئۇنۇتمىغىنكى، — دەيدۇ ھىتلېر، — بۇ بىنا يەھۇدىيلارغا تەۋە بىر بىنا، ئۇلار رەقىبىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پۈتۈن تاملارغا زەھەر مىلاپ بولدى. بۇنى بىر ئويۇن قىلىۋېلىشتى.”
دۈشەنبە كۈنى، باش مىنىستىردىن ئاخىرى ھىتلېرغا جاۋاب كېلىدۇ: ئۇ ئۆزى «جۇمھۇرىيەت قوغداش قانۇنى» غا قارشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ قانۇن باۋارىيىنىڭ رەسمى قانۇنى ھالىغا كېلىپ بولغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشتىن باشقىچە بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ھىتلېر بىرىنچى ماي كۈنى ئاممىۋىي نامايىش چاقىرقى چىقىرىپ نامايىش ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈش قارارىغا كېلىدۇ. بۇ بىر پارتلاش خاراكتېرلىق خەۋەر ئىدى. چۇنكى «بىرىنچى ماي» كۈنى ئەمگەكچىلەر بىلەن ماركسىزمچىلارنىڭلا مۇقەددەس بايرىمى بولۇپ قالماي، ميۇنخېننى سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قولىدىن ئازات قىلىنىشىنىڭمۇ يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى. 30-ئاپرېل ئاخشىمى، ئوڭچىل رادىكال كۈچلەر ميۇنخېننىڭ ئاساسلىق پويىز ئىستانسىسىنىڭ شىمالىدىكى نەچچە چاقىرىم يەردىكى ئوبېرۋىسېنفېلد نېمىس ئارمىيىسى مەشىق مەيدانى تەرەپكە قاراپ يولغا چۈشىدۇ. تاڭ سۈزۈلگىچە ئۇ يەرگە مىڭغا يېقىن ئادەم يىغىلىپ بولغان ئىدى. ئۇلار سولچىل كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەتراپقا مەخسۇس پوست قويىۋېتىدۇ. ۋاقىت سائەتلەپ ئۆتمەكتە ئىدى. ئەمما بىرەر ھەرىكەت شەپىسى كۆرۈلمەيدۇ. “سائەت 6 بولغاندا، — دەيدۇ ھىتلېر كېيىن ئەسلەپ كېلىپ، — توپ-توپ قىزىللار كېلىپ بىز بىلەن تىركىشىشكە تەييارلاندى. ئۇلارنى كۈشكۈرتىشكە بىر مۇنچە ئادەم ئىۋەرتكەن بولساممۇ بىرەر سادا چىقمىدى.” سائەت 9 لاردا شەھەر سىرتىدىن ھەرقايسى ئەترەتلەردىن كەلگەنلەر قوشۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئادىمى 1300 كىشىگە يېتىدۇ.
ئۇلار ئىللىق ئاپتاپتا قۇراللىق تولا كۈتۈپ زىرىكىپ تىت-تىت بولۇپ كېتىدۇ. ياۋۇزلاشقان ھىتلېر، قولىدا بىر كاسكا، “قىزىللار نەگە يوقالدى؟” دەپ سورايدۇ. چۈشكە يېقىن بىر ۋاقىتتا، تۇيۇقسىزلا بىر بۆلۈم ئەسكەرلەر بىلەن كۆك فورمىلىق ساقچىلار كېلىپ قۇراللىق نامايىشچىلارنى قاتمۇ-قات قورشاۋغا ئېلىۋالىدۇ. ئۇلار بىلەن كەلگەنلەرئارىسىدا غەزەپكە تولغان كاپىتان رۆممۇ بار ئىدى. ئۇھىتلېرغا، ئۆزىنىڭ يېڭىلا بۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئارمىيە گېنېرالىنىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇ گېنېرال ھىتلېردىن دەرھال قۇرال تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا ئاقىۋىتىگە پۈتۈنلەي ئۆزى مەسئۇل دېگەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.
ھىتلېر قاتتىق غەزەپلەنگەن بولسىمۇ، گرېگور ستراسسېر قاتارلىق كىشىلەرنى ھۆكۈمەت كۈچلىرىگە قارشى تاقابىل تۇرايلى، ئەسكەرلەرنى ئاتاكىغا ئاتلاندۇرايلى دېگەن تەلىپىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. قۇرال تاپشۇرۇش قارارى ھەقىقەتەنمۇ ئازابلىق بىر قارار ئىدى. ئەمما ھىتلېر ھۇجۇمغا ئۆتۈپلا قالىدىكەن، ئۇنىڭ چوقۇم تارمار كەلتۈرىلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، بۇنداق مەنىسىز قان تۆكۈلۈش ئۆزىنىڭ سىياسىي ساھەدىكى داھىلىق ئورنىنىڭ ئاخىرلىشىشى، ھەتتا ئۆزىمۇ قۇربان بولىشى ئېنىق ئىدى. ئوبېرۋىسېنفېلدتىكى چېكىنىشتە ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ. شۋابىڭدا، ھىتلېرنىڭ قوشونى كوممۇنىستلارنىڭ ئاۋانگارت كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشۇشتا ئۇلارنى تىرە-پىرەڭ قىلىۋېتىش بىلەنلا قالماي، قىزىللارنىڭ بايراقلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈپ تاشلىغان ئىدى. بۇ ۋاقىتلار ھىتلېرنىڭ قالتىس يايراپ كەتكەن ۋاقىتلىرى ئىدى. شۇڭا ئۇ نەق مەيداندا قىسقا بىر نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئۇ نۇتقىدا، بۇ يالقۇن بولشېۋىكلارنىڭ دۇنياۋىي يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ بىر ئىپادىسى. بۇ يالقۇن، ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ھوقۇقنى تارتىپ ئېلىشىنىڭ كىچىككىنە سېگنالى دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ئىنتايىن كۈچلۈك كۈشكۈرتكۈچى نۇتقى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ غەيرەت-جاسارىتىنى ئالاھىدە كۈچەيتىپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر قېتىملىق ئېغىر خاتالىقنى غالىبىيەتكە ئايلاندۇرىۋالىدۇ.142 ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ خوشاللىقى قىسقا ۋاقىتلىق جىمىقىش ھېسابلىناتتى. شۇ ئاخشىمى، ھىتلېرنىڭ ئىنقىلابى ھەرىكىتى ئۈزۈل كېسىل مەغلوبىيەتكە ئۇچرايدۇ. بۇ قېتىملىق مەغلوبىيەت، ئۇنى بىر مۇنچە سادىق ئەگەشكۈچىلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. “مەن ھىتلېردىن پۈتۈنلەي ئايرىلىمەن! — دەيدۇ سابىق ’ئەركىن پولك‘ كوماندىرى بولغان بىرسى، — «بىرىنچى ماي» كۈنى ئۇ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى، ئەندى ئۇ مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ!”
ئوبېرۋيېسېنفېلد ۋەقەسىدە مەغلوب بولغانلار يالغۇز ھىتلېرلا ئەمەس ئىدى. باۋارىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئالغاندىمۇ بۇ ۋەقە ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر مەغلوبىيەت، تېخىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىق ھېسابلىناتتى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھىتلېرنى جەمىئەت ئامانلىقىغا زىيان سالغان دەپ قارىلاپ ئۇنى سوتقا بېرىدۇ. ھىتلېر قىلچە تەمتىرىمەي سۇئاللارغا بىرمۇ-بىر جاۋاپ بېرىپ تەپتىش ئەمەلدارىنى تاقابىل تۇرالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ھىتلېر بۇ قېتىمقى سوتتا قىلچە باش ئەگمەي قەتئىي ئىرادىلىك بولۇپ، ئاپەتتىن سىياسىي مەنپەئەت چىقىرىۋالىدۇ. مەغلوبىيەتنى غالىبىيەتكە ئايلاندۇرۇش، ئۇنىڭ مىزانى ئىدى.
شۇنداقتىمۇ نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك كۈزەتكۈچىلەر بۇ ۋەقەنى ھىتلېرنىڭ مەغلوبىيەتلىك ئاقىۋىتىنىڭ باشلىنىشى دەپ باھالىشىدۇ. روبېرت مۇرفى دەل شۇنداق قارايدىغانلاردىن بىرى ئىدى. ئۇ يازغان دوكلاتىدا، ناتسىستلار ھەرىكىتىنىڭ يۈزلىنىشى ئاجىزلاش باسقۇچىغا كىردى دەيدۇ. ئۇ يەنە، خەلق “ھىتلېرنىڭ كۈشكۈرتۈش ھەرىكەتلىرىدىن زىرىكتى، چۇنكى ئۇ ھېچقانداق بىر نەتىجە يارىتالمىدى، ھېچقانداق بىر ئىجابى يېڭىلىقنىمۇ ئوتتۇرىغا قويالمىدى. ئۇنىڭ يەھۇدىيلىققا قارشى ھەرىكىتى ئۆزىگە بەكلا كۆپ دۈشمەن پەيدا قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ ياش تەرەپپازلىرىنىڭ جىدەل تېرىشتىن باشقىنى بىلمەسلىكى جەمئىيەت تەرتىۋىنى خالايدىغان كىشىلەرنى بەكلا بىزار قىلىۋەتتىى” دەپ يازىدۇ.

5
مۇرفىنىڭ قاراشلىرى باۋارىيە يەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ چۈشەنچىلىرىنىلا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئىدى. بۇ ئەمەلدارلار «بىرىنچى ماي» دىن كېيىنكى سىياسىي ھەرىكەتلەردىكى تىنجىشنى ھىتلېردىن ھەمدە ئۇنىڭ ھەرىكىتىدىن قۇتۇلغانلىقىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى دەيدىغان خاتا قاراشقا كېلىپ قالىدۇ. راست دېگەندەك، بۇ تۈر سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ جىمىقىپ قېلىشى خېلى ئۇزۇن داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا بىرلا قېتىم ۋاقتلىق قالايماقانچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە گېرمانىيىلىك بىر مىللەتچى بولغان ئالبېرت لېئون شلاگېتېر دېگەن بىرسىنىڭ دۇيىسبۇرگ ئەتىراپىدا فرانسىيىنىڭ رۇر رايونىنى بېسىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۆمۈر يول پارتلاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسىغاھۆكۈم قىلىنىشىدىن كېلىپ چىققان ۋەقە ئىدى. ئۇ كىشى بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن سوتلىنىپ، 26-ماي كۈنى ئېتىپ تاشلىنىدۇ.
خانفىستايىنگىل، كۆپلىگەن ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتلارنىڭ كىلەر ھەپتىدە كۆنىگسپلاتز مەيدانىغا يىغىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، تاغدا دەم ئېلىۋاتقان ھىتلېرنىڭ دەرھال قايتىپ كېلىپ بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىشى لازىملىقىنى ئويلايدۇ. ئۇ دەرھال پويىزغا ئولتۇرۇپ گېرمانىيە-ئاۋسترىيە چېگرىسىغا جايلاشقان ئىنتايىن مەنزىرىلىك ساناتورىيە يېرى بولغان بېرچتېسگادېن (“ئۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم”) غا بېرىپ ھىتلېرنى تاپىدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا ھىتلېر ئىسمىنى ’ۋولف ئەپەندى‘ دەپ ئۆزگەرتىپ “مورىتز ئۆتەڭ” دە تۇرىۋاتقان ئىدى. بۇ ئۆتەڭ ئوبېرسالزبۇرگدىكى قىيالىق تاغ چوققىسىغا سېلىنغان كىچىك بىر مېھمانخانا ئىدى. دەسلىۋىدە ھىتلېر نامايىشقا ھەر تۈرلۈك كىشىلەر قاتنىشىدىغانلىقىنى سەۋەپ قىلىپ، ئۇ نامايىشچىلارغا نۇتۇق سۆزلەشكە بەك قىزىقىپ كەتمەيدۇ. ئەمما خانفىستايىنگىل چىڭ تۇرۇپ تەلەپ قىلغاچقا ھىتلېر نۇتۇق سۆزلەشكە ماقۇل بولىدۇ ۋە ئىككىسى دەرھال تۇتۇش قىلىپ نۇتۇق تېزىسىدىن بىرنى يېزىپ چىقىدۇ.
شۇ ئاخشىمى، خانفىستايىنگىل بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئورنىدىن ئايرىلغان ئېكارت غەزىۋىنى باسالماي، ھىتلېر دائىم قامچىسىنى ئوينىتىپ ھەممىلا يەردە قۇرۇق ھەيۋە قىلىپ يۈرىدۇ؛ دا مۇدىرىنىڭ ئايالى ئالدىدىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ يۈرىدۇ. “ھىتلېرنىڭ بۇ تۈر قىلىقلىرى جېنىمغا تەگدى. — دەيدۇ، — مېنىڭچە بولغاندا بۇ ئادەم راستىنلا ساراڭ بولۇپ قاپتۇ.” ئۇ يەنە، ھىتلېر ھەددىدىن ئارتۇق ئېغىر تىللار بىلەن بېرلىننى قارىلاش ئارقىلىق، بۇ ئايال ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا: “… ئۇنىڭ بۇزۇپ-چېچىپ يۈرۈشلىرى،143 شەھۋانىلىق قىلىشلىرى، تەڭسىزلىك قىلىشلىرى، ھەشەمەتلىك قىلىش ۋە يەھۇدىي بايلىقىدىن پايدىلىنىشلىرى بەكلا جېنىمغا تەگدى. بۇلىۋاتقان بۇ ئىشلارغا زادىلا ئىشەنگىم كەلمەيدۇ. مەن ھازىر ئۆزەمنى خۇددى تەڭرىنىڭ مازارلىقىدا تۇرىۋاتقاندەك، پۇل ئالماشتۇرۇشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغانلارنىڭ ئەيساسى يېنىدا تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتىمەن” ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قايناپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇ، ھىتلېر شۇ سەۋەپتىن قامچا ئوينىتىپ يۈرگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇ ئەيسانىڭ قۇتلۇق ۋەزىپىسىگە ئوخشاش پايتەخىتتە پەيدا بولۇپ پارىخور چىرىگەن كىشىلەرنى ئەدەپلىمەكچى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ كېتىدۇ.
ھىتلېر، ئەتىسى خانفىستايىنگىل بىلەن بىرگە پويىز ئىستانسىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ھىتلېر ئوبېرسالزبۇرگقا قايتاشىدا “يېقىندا پارتىيە ئورگان گېزىتىمىزنىڭ مۇھەررىرلىكىدىن قالدۇرۇلغان ئېكارت رەسمى ئۈمىتسىز بىرسىگە، قېرىپ ھالىدىن كەتكەن بىرسىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. — دەيدۇ، — شوپېنخاۋئېر ئۇنى قاتتىق گۇمانخور توماسقىلا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭ ئېنىق ئۇققىلى بولمايدىغان بىلجىرلاشلىرىنى ئاڭلىساڭ، مېنى نەلەرگە باشلاپ ماڭماقچى بولغانلىقىنىمۇ بىلەلمەي قالىسەن. قالتىس يول كۆرسەتكۈچىدە-بۇ! كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى بىلەن غەيرىتىنى ئازايتىپ يوقلا قىلىۋېتىدۇ! غەيرىتىدىن ئايرىلغان خەلق پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ! ھايات دېگەنلىك، كۈرەش دېمەكتۇر. ئاندىن ئۇ غەلىتە بىر رېتىم بىلەن «لوھېڭگرىن» ئويۇنىدىكى ئاققۇ ئاھاڭىغا ئىسقىرتىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ.”
تىنچلىقچى ئانتون درېكسلېرمۇ ھىتلېرنىڭ ئوبېرسالزبۇرگدا نۇتۇق سۆزلىشىنى خالىمايتتى. ھىتلېرنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقان ئىنقىلابى قىزغىنلىقى ئۇلارنى نېمە قىلارىنى بىلەلمەس قىلىپ تەمتىرىتىپلا قويغان ئىدى. ھىتلېرنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ئارىسىدا ھەقىقى سوتسىيالىزمچىلارنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى قۇرۇش ئورنىغا كاپىتالىستلار بىلەن، بايىۋەتچىلەر بىلەن بانكىرلار بىلەن بەكلا ئىچ قويۇن-تاش قويۇن بولۇپ كېتىشىگە قارشى چىقىدىغانلارمۇ ئۇنىڭدىن بەكلا ئەنسىرەشمەكتە ئىدى. ھىتلېرمۇ پارتىيە ئىچىدە يەنە بىر قېتىملىق خائىنلىق يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى، يەنى دەسلىۋىدە ھىتلېر ھەققىدە بەكلا يوقىرى ئۈمىدلەرنى كۈتكەن، ئۇنى گېرمانىيىنىڭ يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن داھىيسى دەپ ھۆرمەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى بىلەن ئۈمىدسىزلىكىدىن پەيدا بولغان قايتا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىنى كۆڭلىدە ھېس قىلماقتا ئىدى.
شۇ يىلى سىنتەبىر باشلىرىدا، ھىتلېر ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقىش شەكلى بىلەن پەسىيىپ كېتىۋاتقان ئابرويىنى قايتا تىكلەشكە ئاتلىنىدۇ. بۇ ئىش 1~2-سىنتەبىردە نيۇرېمبېرگتا “سېدان ئۇرۇشى” خاتىرە كۈنى بولغان “گېرمانىيە كۈنى” نى خاتىرلەش يىغىنىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇ كۈنى، يۈز مىڭدىن ئارتۇق مىللەتچى بۇ قېدىمى شەھەرگە ئېقىن قىلىپ كوچىلاردا نامايىش قىلىپ يۈرۈش قىلماقتا ئىدى. بۇ شەھەرنىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، “بۇ قېتىمقى پائالىيەت پەيدا قىلغان قىزغىنلىق 1914-يىلىدىن بۇيان پەقەتلا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قىزغىنلىق ئىدى” دېيىلگەن. كوچىلار ناتسىستلار بىلەن تولۇپ تاشقان، باۋارىيە بايراق دېڭىزىغا ئايلانغان، پۈتۈن خەلق “خايىل! — ياشىسۇن!” دەپ توۋلىشىپ يۈرگەن، لۇدېندورف بىلەن نامايىشقا قاتناشقان قىسىملارنى قارشى ئېلىشىپ ئۇلارغا گۈل-چىچەك ئېتىشىۋاتقان بەكلا قىزغىن مەنزىرە بارلىققا كەلگەن ئىدى. “ئۇرۇشتا مەغلوب بولغان، پاجىئەلىك مۇھىت ئاستىدا ئىزىلىۋاتقان، يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ سەرسان بولغان يىمىرىلگەن بۇ خەلق ئازغىنە بولسىمۇ ئۈمىد نۇرى كۆرۈنگەندەك قۇللۇقتىن، نامىراتلىقتىن ئازاد بولۇشنىڭ ئازغىنە بولسىمۇ ئۇچقۇنىنى كۆرگەندەك ھاياجانلانماقتا ئىدى. بۇ قېتىمقى مۇراسىم ئەنە شۇنداق تۇيغۇلارنىڭ ئەركىن ئىپادىسى ئىدى.  نۇرغۇنلىغان ئەرلەر، ئاياللار ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ ھېسسىياتلىرىنى بېسىۋالالمايلا قالغان ئىدى.”
نامايىشچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ تەرەپتارلىرى ئىدى. ھىتلېر، يىغىن باشلىنىشى بىلەن، سەھنىلەردىن بىرسىگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ھىتلېر بۇ قېتىم كوبۇرگدىكىگە قارىغاندا ئالاھىدە سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى: ئۇچىسىغا كەيگەن كىيىملىرى دەزماللانغان ئالاھىدە رەتلىك، چېچىنىمۇ تەكشى ياساتقان، پۇتىغا كەيگىنىمۇ ئۇزۇن قونجىلىق ئاياق ئەمەس ئىدى. “بىر قانچە ھەپتىگە قالمايلا ھۇشۇقىمىز قوپىدىغان بولدى. — دەيدۇ ھىتلېر خۇددى ئالدىن كۆرەرلەردەك، — بۈگۈن بارلىققا كەلگەن بۇ مەنزىرە دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىدىنمۇ كاتتا بىر مەنزىرە. بۇ ھەرىكىتىمىز گېرمانىيە تۇپراقلىرىدا دۇنيا ئۈچۈن تىكلەنگەن بىر خاتىرە مۇنارىسى بولۇپ قالغۇسى.”
ئەتىسى، “گېرمانىيە جەڭگېۋارلار ئىتتىپاقى” قۇرۇلىدۇ. مۇنداق قارىماققا بۇ بىر مىللەتچىلەرنىڭ بىرلەشمىسىدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ بىر كەشپىياتى ئىدى: ئۇنىڭ كاتىپى شېۋۇبنېر رىچتېر بولۇپ، ھەربى ئىشلار كاتتىبېشى بولغان كىشى ھىتلېرنىڭ يەنە بىر ياردەمچىسى ئىدى. بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان يەنە بىر ئورگىنىغا رۆم مەسئۇل بولىدۇ؛144 بۇ ئىتتىپاقنىڭ تۇنجى باياناتىنى (فەدېر يېزىپ بەرگەن) خۇددى ھىتلېر ئېيتىپ بەرگەندەكلا قىلاتتى. بۇ باياناتتا پارلامېنت تۈزۈمىگە، خەلقئارالىق كاپىتالغا، سىنىپى كۈرەشكە، تىنچلىقچىلىققا، ماركسىزمغا ۋە يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرىمىز دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.
نيۇرېمبېرگتا “گېرمانىيە كۈنى” نىڭ ئۆتكۈزۈلىشى بىلەن “گېرمانىيە پىدائىيلار باتالىئونى” نىڭ قۇرۇلغانلىقى، ھىتلېرنىڭ ئاشكارە ھالدا ئىنقىلابىنى باشلىتىدىغان سىياسىي سەھنىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئېنىق سېگنالى ئىدى. بۇ تەرىپى ئارىدىن بىرەر ئاي ۋاقىت ئۆتمەيلا تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: ھىتلېر بۇ يېڭى تەشكىلنىڭ رەسمى سىياسىي داھىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇتەشكىلاتنىڭ “ھەرىكەت پروگراممىسى” دا باۋارىيە ھوقۇقىنى تارتىپ ئېلىش ئاشكارە چاقىرىق قىلىنغان ئىدى. بەزى گەپلەردىن قارىغاندا، ھىتلېر يەنە بىر قېتىملىق ئىنقىلاب قوزغاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانمىش. ئەمەلىيەتتە، ھىتلېر راستىنلا مەخسەتلىك تۈردە قىزىللارنىڭ قايتا ھوقۇق تارتىۋېلىشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈن ھەرىكەت قوزغايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. “بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىزنىڭ ۋەزىپىسى، خۇددى بۇرۇنقى ھەرىكىتىمىزگە ئوخشاش ئىمپېرىيىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا تەييارلىق قىلىش. شۇچاغدىلا غۇلىتىلغان كونا دەرەختىن يېڭى نوتىلار شۇڭغۇپ چىقىدۇ.”
باۋارىيە باش مىنىستىرى ئېۋگېن ۋون كنىللىڭ، ھىتلېرنىڭ بەزى چاقىرىقلىرىغا ماقۇل بولغاندەك قىلسىمۇ، ئۇنىڭ ئىسيانچى خەلقنى كۈشكۈرتۈش تاكتىكىسىغا پەقەتلا چىداپ تۇرالمايتتى. كنىللىڭ، 26-سىنتەبىر كۈنى كابېنتىدىكىلەرگە ۋەزىيەت بەكلا جىددى بولغاچقا دەرھال شىتات ھەيئەت ئەزاسىدىن بىرنى بەلگىلىشىمىز كېرەك؛ بۇ ئەزا كۆرۈنۈشتە ئىچكى كابىنىتنىڭ باشقۇرۇشىدا ھەرىكەت قىلىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە “ھوقۇقىنى تولۇق ئىشقا سالالايدىغان سالاھىيەتكە ئىگە بولىشى كېرەك” دەيدۇ. ئۇ يەنە، سابىق باش مىنىستىر كاھرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىشىمىز كېرەك دەيدۇ. بۇنىڭغا ئۇنىڭ بىر قانچە مىللەتچى تەشكىلاتلارنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرەلىگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك يەنە كونسىرىۋاتىپ كىنەز گۇرۇھىدىكىلەر بىلەن كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ ھۆرمىتىگىمۇ سازاۋەر بىرسى ئىكەنلىكىنى سەۋەپ قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
كاھر، قانۇن-تەرتىپ ئورنىتىش نامىدا بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇنىڭ يولغا قويغان بىرىنچى ھەرىكىتى ئەتىسى ئېچىلماقچى بولغان 14 ناتسىستلار مىتىنگىنى چەكلەش بويرىقىنى چىقىرىش بىلەن باشلىنىدۇ. ئادولف ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ھەرىكەت بىر تەھدىت قىلىش ھەرىكىتى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر پۇرسەتمۇ ھېسابلىناتتى (ئۇ تېخى يېڭىلا شىۋىتسارىيىدىن يېنىپ كەلگەن ئىدى). ئەگەر ئۇ گەپ ئاڭلاپ بۇ بۇيرۇققا بوي سۇنغىنىدا پۈتۈنلەي يوقۇلۇش يولىغا كىرگەن بولاتتى. ئەگەر ئۇ قارشىلىق كۆرسىتىپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلىگىدەكلا بولىدىكەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ مۇھىم سىياسىيوندىن بىرىگە ئايلىنالىشى مۇمكىن ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا بۇ ئىشتىن ۋاز كېچىپ باشقا بىر ۋاقىتتا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىش مەسلىھەتىنى بېرىدۇ. ئۇلار پارتىيىمىز تېخى يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچەيگەن بىر پارتىيە ئەمەس، شۇڭا بۇنداق بىر ھەرىكەتكە ئاتلىنىشى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىشاتتى. ئەمما ئادەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن يېقىن ئۆتىدىغانلار ئۇنى ھەرىكەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. “ئەگەر بۇ قېتىم بىرەر ئىش قىلماي ياتىۋەرگىنىمىزدە جەڭچىلەر بىزدىن قېچىپ كېتىشى مۇمكىن” دەيدۇ ھۇجۇمچىلار ئەتىرىتىنىڭ ميۇنخېن قىسىمىنىڭ پولك كوماندىرى. “ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى ساقلايمەن دەيدىكەنمىز، — دەيدۇ شېۋبنېر رىچتېر، — چوقۇم بىر ئىش قىلغاچ تۇرىشىمىز كېرەك. بولمىسا تەرەپتارلىرىمىز سولچىل ئاكتىپ كۈچلەر تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.”
تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان بۇ تۈر گەپلەر ھىتلېرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. بۇ تۈردىكى ھاياجانلىق تۇيغۇلار ئۇنى ئىنقىلاب قىلىش يولىغا باشلايدۇ. ئۇ ميۇنخېن ۋە ھەر تەرەپتىن ھەرىكەتكە قاتنىشىدىغان ئىتتىپاقداش ئاختۇرۇش ئىشىغا كىرىشىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى ھەر تۈرلۈك تەسىرى بار كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن، ئۇ ھەربى باشلىقلار بىلەن، سىياسىي ئەربابلار بىلەن، سانائەت ساھەسىدىكى كىشىلەر ۋە ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچىرىشىدۇ. ئۇ يەنە پارتىيىسىدىكى ئوتتۇرىدا قالغانلار ھەمدە تەۋرىنىپ يۈرگەنلەر بىلەن ۋەدە بېرىش، قورقۇتۇش، چىرايلىق گەپ قاتارلىق چارىلاردىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى بۇ ئىشقا جەلىپ قىلىشقا تىرىشىدۇ. ھىتلېر بۇ ھەقتە دائىم دەيدىغىنى: “بىز بۇ تۈر كىشىلەر بىلەن يارىشىپ ئۆتەلەيدىغانلا بولىدىكەنمىز، ئۇلارمۇ بىز بىلەن بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدىغان بولىدۇ.”
“ئۇ بىرەر ئىشقا قارار قىلدىمۇ-بولدى، ئۇنى كەينىگە قايتۇرۇشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيتتى.145 — دەيدۇ ھېلېنا خانفىستايىنگىل خانىم شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ كېلىپ، — كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭ تەرەپپازلىرى ئۇنى بىرەر ئىشقا مەجبۇرلاشقا باشلىشى بىلەن، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يىراقلارغا تەلپۈنۈپ تۇرغان، يېقىنلىرىنىڭ دېگىنىگە پەرۋا قىلمايدىغان بىر رۇھنى كۆرگەندەك قىلىمەن. خۇددى ئۇنىڭ كاللىسى ئىتىلىپ قالغاندەك ئۆزىنىڭ پىكىرىدىن باشقا ھېچ كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايتتى.” شۇ يىلى كۈزدە ئۇنىڭ كۆزىدىكى يىراقلارغا تەلپۈنىدىغان باشقىلارنىڭ دېگىنىگە پەرۋاسىزلىق بىلەن قارايدىغان تۇرقى پەۋقۇلئاددە بىر نەرسىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. ئۇ كۆڭلىدە مۇسسولىن بىلەن بىر سىنىشىپ كۆرۈشنى ئويلاۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئەسلىدە ئۇنىڭ يۈرۈش قىلىش نىشانى بېرلىن ئىدى. بۇمۇ ئۇنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىلىرىگىلا ئاشكارىلىيالايدىغان ھەۋەسلىرىدىن بىرى ئىدى.
ئوڭچىل ھەربى تەرەپ باشلىقلىرىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا، ئۇ بارلىق باۋارىيىلىكلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بېرلىنغا ھۇجۇم قىلىشقا چاقىرىدۇ. “بۈگۈن ناپالىئونغا ئوخشايدىغان بىر قۇتقازغۇچىغا مۇھتاجمىز دەيدىغان ئەقىدە كىشىلەردە بەكلا چوڭقۇر ئورنىشىپ كەتكەن. — دەيدۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقانلاردىن بىرسى كېيىن ئەسلەپ كېلىپ، — ئۇ يىغىندا، گېرمانىيىنى قۇتقۇزۇش چاقىرقى قەلبىمدە جاراڭلىماقتا، بۇ ۋەزىپە چوقۇم بىر كۈنى ماڭا تاپشۇرىلىدۇ دەيتتى. ئاندىن ئۇ، ناپالىئون بىلەن نۇرغۇن جەھەتلەردە ئۆزىنى سېلىشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ ناپالىئوننىڭ ئېلبا ئارىلىدىن پارىژغا قايتىپ كېلىشىنى ئۆزى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىپ سۆزلەيدۇ.”


6. پىۋىخانا ئىسيانى
1923-يىلى146

1

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-24 20:06:11 | ئايرىم كۆرۈش

6. پىۋىخانا ئىسيانى
1923-يىلى146

1
1923-يىلى سىنتەبىرنىڭ ئاخىرقى كۈنى، ھىتلېر كۆڭلىنى بەكلا پاراكەندە قىلىدىغان بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. بۇ خەتنى “پارتىيىنىڭ پىشقەدەم ئەزاسى، قاتتىق سادىق بىر پارتىيە ئەزاسى” يازغان ئىدى. بۇ خەتنى يازغان كىشى، داڭلىق يۇلتۇز پالچىسى ئېلزابېت ئېبېرتىن خانىم تۈزگەن داڭلىق پالچىلىق كالىندارىدا كىشىنى چۈچىتىدىغان بىر ئالدىن كۆرۈش يېزىلغانلىقىنى ئېيتقان. يەنى بۇ كىتاپتا، “1889-يىلى 10-ئاپرېل كۈنى تۇغۇلغان مەلۇم بىر سىياسىي ھەرىكەتچى، — دېيىلىدۇ بۇ كىتابتا، — ھەرىكىتىنى ئېھتىيات بىلەن قانات يايدۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك قەتئىي تېزگىنلەش مۇمكىن بولماي قالىدىغان ئېغىر بىر مەيدان بوھران پەيدا قىلىۋېتىشى مۇمكىن؛ شۇڭا بۇ كىشى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ ئىش قىلىشى كېرەك. كەلگۈسى يۈز بېرىدىغان ئۇرۇشتا بۇ كىشى مۇتلەق تۈردە داھىلىق رول ئوينايدۇ؛ شۇنىڭدەك بۇ كىشى چوقۇم نېمىس مىللىتى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىدۇ” دېگەنلەر يېزىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گەرچە ئۇ پالچى ئايال ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇ ئېيتقان ئادەمنىڭ ھىتلېر ئىكەنلىكى ئوپ-ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شۇنىڭدەك، ئۇ ئايال ئۇ كۈننىڭ قايسى كۈن ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتمىغان، ئەمما ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. يەنى، ئەگەر يېقىنقى كۈنلەردە ھەرىكەتتە قاراملىق قىلغىدەكلا بولىدىكەن، ئۆز ھاياتىغا خەۋىپ كەلتۈرىۋېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ۋىلھېلم ۋۇلف ئىسىملىق يەنە بىر پالچى (بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ پالچى ھىتلېرنىڭ مەخپى ساقچى ئىدارىسىدا تاپقاقلىق مەسلىھەتچى ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدۇ) مۇ ھىتلېرنىڭ شۇ يىلى كەچ كۈزلەردە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان تەغدىرى ھەققىدە پال سالغان بولۇپ، ئۇ پالىدا بۇ كۈننىڭ قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغاان. ئۇمۇ ئوخشاشلا خەۋىپى كۆپ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن بولۇپ، 1923-يىلى 8~9-نويابىر كۈنلىرى، ئەگەر قىلىدىغان ئىشىدا زوراۋانلىق ھەرىكەت قوللانغىدەك بولسا ئۇنىڭمۇ ئاقىۋىتى يوقۇلۇش خاراكتېرلىك ئاپەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
پالچىلاردىن كەلگەن بۇ تۈر ئالدىن خەۋەرلەر، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەستايىدىل دىققەت قىلىشقا زورلايدۇ. بىر قانچە گېرمانىيە روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى بىلەن پسىخولوگلارمۇ “پسىخىكىلىق تاپقاقلىق” مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ. تېخى يېقىندىلا، شىۋىتسارىيە روھى كېسەللىكلەر دوختۇرى كارل گوستاپ جيۇڭ (فرېئۇدنىڭ بىرىنچى ئىزباسارى، ئەمما كېيىن ئۇنىڭ پسىخوئانالىز تەلىماتلىرىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىگە قارشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ يېڭىچە پسىخوئانالىز، يەنى ئىپتىدائىي كوللىكتىپ ئاڭ تەلىماتى ئاساسىدا ئۆز يولىنى سىزىپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن، تۇغما ئاجىزلىق تەلىماتىنى ئوتتۇرغا قويغان ئادلېر بىلەن بىرگە فرېئۇدتىن يۈز ئۆرىگەن شاگىرتلار دەپ  تونۇلغان. — ئۇ. ت) نىڭ سادىق مورتلىرىدىن بىرى بولغان دوكتور ئو. ئا. ھ. شىمىتز،147 پالچىلىق، بەلكىم  ئادەم مىجەزى تەلەپ قىلىدىغان بىر ئېھتىياج بولىشىمۇ مۇمكىن دەپ كۆرسىتىدۇ. ئەمما ھىتلېر، پالچى ئېيپودىننىڭ پالىنى باھالاپ كېلىپ، پەرۋاسىزلىق بىلەن “ئۇ ئايال بىلەن يۇلتۇز پاللىرىنىڭ مېنىڭدە نېمە ئىشى بار؟” دەيدۇ.
ھىتلېر بۇنداق پاللارغا ئىشەنسۇن-ئىشەنمىسۇن، ئۆزىنىڭ تەغدىرى چوقۇم ئۇنى غەلىبىگە يېتەكلەپ بارالايدىغانلىقىغا ھەقىقەتەنمۇ تولۇق ئىشەنچ قىلاتتى. شۇنىڭدەك يەنە، خۇددى ھېلېنا خانفىستايىنگىلنىڭ دىققىتىنى تارتقىنىدەك ئېنىق گەپلەردىن باشقا ھەر قانداق گەپكە قۇلاق سالمايتتى. ھىتلېر، يەنە شۇ ئېبېرتىننىڭ يۇلتۇز پېلى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىسى ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى بىر ئاۋاز ئاڭلىغاندەك قىلىدۇ: ئۇ، ۋاگنېرنىڭ يۇرتىدا، بايرېئۇتنىڭ ۋانفرېيد داچىسىدىكى ۋاقتىدا، شۇ يەردىكى مەرھۇم ۋاگنېرنىڭ 86 ياشلىق تۇل ئايالى كوسىمانى يوقلاپ كىرگەن ئىدى. ۋاگنېرنىڭ ئوغلى سيېگفرېدنىڭ ئېنگلىز ئايالى ۋېنىفرېد ۋاگنېر، ھىتلېر ۋە ئۇنىڭ ناتسىستلار پارتىيىسىدىكىلەرگە تولۇق قايىل ئىدى. شۇڭا ئۇ ھىتلېرنىڭ يوخلاپ كېلىشىنى بەكلا قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. ئۇنىڭ 6 ياشلىق قىزى فرېدېلىند، باۋارىيە پاسونىدا قىسقا ئىشتان، قېلىن يۇڭ پايپاق، قىزىل-كۆك يوللۇق كۆڭلەك، كۆك رەڭلىك دۇمباق بىر چاپان كېيىۋالغان ھىتلېرنى كۆرۈپ بەكلا كۈلكىلىك ھېس قىلىدۇ. “ئۇنىڭ يۈز ئۇستىخىنى كۆتۈرۈلۈپ قالغان، چىرايى تاتىراڭغۇ، كۆزىنىڭ كۆكلىكىمۇ بەكلا غەلىتە، مۇنداق قارىغاندا خۇددى يېرىم ئاچ-يېرىم توق بىرسىگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇنىڭدا قانداقتۇ بىر نەرسە، كۈچلۈك ھاياجانلىق ئۇچقۇنلار چاقناپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى.”
ھىتلېر بەكلا سۇنئى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، مۇزىكا ئۆيى بىلەن كۈتۈپخانا ئۆيىدە ئىزا تارتقان ھالدا تەمتىرىگىنىچە ئالدى كەينىگە مېڭىپ كېتىدۇ. ئۇ تەمتىرىگەنلىكىدىن خۇددى بىر چېركاۋغا كىرىپ قالغاندەك بەكلا ھۇلۇقۇپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ گۈللۈكتە ۋاگنېرلار ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئويلىغان كەلگۈسى پىلانلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋېتىپ “رېتىملىق، ئېنىق قىلىپ سۆزلىمەكتە، ئۈنىمۇ بارغانسىرى ئىچىگە چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. كېيىن، بىز ھەممىمىز ھۇزۇر بىلەن مۇزىكا ئاڭلاۋاتقان قۇشقاچلاردەك ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالدۇق. ئەمما بىز ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرىدىن بىرىگىمۇ دىققەت قىلمايتتۇق.” ھىتلېر كەتكەندىن كېيىن، ۋاگنېر خانىم “سىلەر بۇ ئادەمنىڭ چوقۇم بىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ قۇتقازغۇچىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمىدىڭلارمۇ؟” دېگىنىدە سيېگفرېد ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قاتتىق كۈلۈپ كېتىدۇ. چۇنكى ئۇنىڭ قارىشىچە، ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ ئاپ-ئاشكارە بىر ئالدامچى، تۇيۇقسىز بېيىغان بىر بايىۋەتچى ھېسابلىناتتى.
ھىتلېر كوچىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ ئاجىزلاپ غالتەكلىك ھارىۋىغا چۈشۈپ قالغان ياشانغان خوۋستون ستېۋارت چىمبىرلىننى يوقلايدۇ. چىمبىرلىن، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىدىكى گېنېرال پولكوۋنىكىنىڭ ئوغلى بولۇپ، گېرمان مىللىتى ئەڭ ئېسىل مىللەت ئىكەن دەپ قاراپ گېرمايىنىگە كېلىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ تالانتلىق ئەمما بەكلا تىرىككەك ئىدى. كىشىلەر بىردەك ئۇنى دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ ئېسىل ئەدىپلىرىدىن بىرى دەپ قارىشاتتى. ئۇ بىر ۋاگنېر ھەۋەسكارى ئىدى. شۇڭا ئۇ ۋاگنېرنىڭ قىزى ئېۋا بىلەن توي قىلغان ئىدى. بۇ ئەنگىلىيىلىك ئىرقچى ئالدىن كۆرەر ئادەم ھىتلېردىن شۇنداق قاتتىق تەسىرلەنگەن ئىدىكى، شۇ ئاخشىمى “بەكلا خاتىرجەم، بەكلا مېزلىك ئۇخلىيالىغان” لىقىنى، يەنى 1914-يىلى ئاۋغۇستتا قاتتىق زەربە يىگىنىدىن بۇيانقى ئەڭ ھۇزۇرلۇق بىر ئۇيقىغا غەرق بولالىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ، ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە ھىتلېرغا يازغان بىر خېتىدا، “بۇ ئۇشتۇمتۇم زەربە مېنىڭ روھى ھالىتىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى. گېرمانىيە تازا ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرىۋاتقان كۈنلىرىدە، ھىتلېر ئوتتۇرغا چىقتى. بۇ، گېرمانىيىنىڭ قايتىدىن جانلىنىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى” دەپ يازىدۇ.
چىمبىرلىننىڭ بۇ گەپلىرى ھىتلېرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ بەرگەنلىكىدە گەپ يوق. يەنى، ئۇ ئۆزىنى تەغدىرنى قولىغا ئالغان بىرسى دەپ قارايتتى. تەخمىنەن بىر ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتكەندە ھىتلېر بىلەن روزېنبېرگ ۋە خانفىستايىنگىل ئەر-ئايال تۆتەيلەن باۋارىيىنىڭ تاغلىرى ئىچىدە ماشىنىلىق كېتىۋاتقىنىدا يولنى قۇيۇق تۇمان قاپلاپ كەتكەچكە، ئۇلار ئولتۇرغان قىزىل رەڭلىك مەرسەدېس پىكاۋى بىر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ميۇنخېنغا قايتاشىدا يول بويى ھېچ كىم ئۈن چىقارماي جىمىپ كېتىشىدۇ.148 ھىتلېر، كېيىن ھېلېناغا “بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە قىلچە ھۇلۇقماي ئولتۇرغانلىقىڭىزنى سەزدىم. راست، بىزگە ھېچ نەرسە بولمايتتى، مېنى يارىلاندۇرالمىغان ۋەقە بۇ بىر قېتىملىقلا ئەمەس. مەن ھەر قېتىمدا خەۋىپتىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ئۆز پىلانىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا غەلىبىلىك ئالغا ئىلگىرلەپ كېلىۋاتقان بىرىمەن” دەيدۇ.

2
مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى سۇنئىي كۆرۈنۈشتە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ۋەزىيەتنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولۇپ، بۇنداق بىر ۋەزىيەت ھىتلېرنىڭ ئىشلىرىغا ھەمدە ئۇنىڭ بېرلىنغا قاراپ يۈرۈش قىلىشىغا پايدىلىق بولۇپمۇ كۆرۈنەتتى. ئۆكتەبىر باشلىرىدا، ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى بىر ماركنىڭ قىممىتى بۈگۈن 6014300 ماركقا تەڭلىشىپ قالغان ئىدى. بىر تۇخۇمنىڭ باھاسى تەخمىنەن ئالغاندا 1913-يىلقىنىڭ 30 مىليون ھەسسىسىگە تەڭ ئىدى. نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە ھەمدە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە تەۋە “جىددى ھالەت پۇلى” نى بېسىشىپ قەرزىنى تۆلەشكە كىرىشىدۇ. ئىمپىرىيە بانكىسى بۇنداق “جىددى ھالەت پۇلى” نى رەت قىلىشقا ئامالسىز ئىدى ياكى ئۆزىنىڭ تارقاتقان پۇلى بىلەن ئايرىۋاشلاش ئۆلچىمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆز پۇلىنى ئۆزى بېسىپ تارقىتىشىمۇ بىر شاڭخوغا ئايلانغان ئىدى: ئۆتكەن يىلى دېكابىردا بېسىپ تارقاتقان مىڭ ماركلىق قەغەز پۇلىغا بۈگۈن بىر مىليارد مارك دېگەن قىزىل تامغا بېسىلغان ئىدى. باۋارىيە شىتات بانكىسى بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى تارقاتقان 5 يۈز مىليونلۇق قەغەز پۇلغىمۇ 20 مىليارد مارك دېگەن تامغا بېسىپ ئۆزگەرتكەنىدى. بۇ 20 مىليارد مارك پۇلغا ئەسلىدە 8 يۈز دوللار پۇل تېگىشكىلى بولسىمۇ، ئاسترونومىيىلىك رەقەمدىكى كۆرۈنىشى بەك چىرايلىق بولمىغان بۇنداق بىر ۋاراق پۇلى بار بىرسى پۇل تىگىشىدىغان يەرگە كەلگىچە بۇ پۇل ئارانلا نەچچە سىنىتقا تەڭ ھالغا چۈشۈپ قالاتتى. تەبىئىكى، تىگىشىدىغانغا بىرسىنى تاپالىغىنىدا. كىشىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئەسەبىي ھالغا كېلىپ قالغا بولۇپ، پۇلى بارلاردىن ھېچ كىم يېنىدا پۇلىنى بىرەر سائەت ساقلاپ تۇتالماس ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەگەر بىرەرسى بانكىغا بارىدىغان ترامۋايغا ئۈلگىرەلمىدىمۇ-بولدى، ئۇ كىشىنىڭ بىر ئايلىق مائاش پۇلى ئەسلىدىكىسىنىڭ تۆتتە بىرىگە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئاز پۇلغا ئايلىنىپ قالاتتى. بادېندا، بىر ياش يۈگەر-يىتىمچى، ئامېرىكىلىق مۇخپىر ئېرنېست ھېمىڭۋايغا: “مەن رەسمى بىر مېھمانخانا سېتىۋالالىغىدەك پۇل يىغقان ئىدىم، مانا ئەندى، ئۇ پۇلۇمغا تۆت شىشە شامپانىسكىمۇ كەلمەيدۇ. … گېرمانىيىدىكى بۇ پۇل پاخاللىقىنىڭ پەيدا قىلىنىشى ئەسلىدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى ئالداشنىلا مەقسەت قىلىپ پەيدا قىلىنماقتا. — دەيدۇ ھېلىقى كۈتكۈچى، — ئەمما بۇنىڭدىن مەن نېمىگە ئېرىشەلىدىم؟”
مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئېغىر يۈكى نەق پۇل تۆلەشكە كۈچى يەتمەيدىغان كىشىلەرگە، يەنى ئىشچىلار بىلەن قېرىلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئىدى. ئىشچىلار ئاچارچىلىق گىرۋىكىدە قىينالماقتا، ياشانغانلار بىر كېچىدىلا قەلەندەر ھالغا چۈشۈپ قالماقتا ئىدى. قېرىلىق پىنسىيە پۇلىغا تايىنىپ كۈن ئالىدىغان پۇخرالار بىلەن پاي چېكى ئۆسۈمى ياكى ستراخۇۋانىيە ئۆسۈمىگە تايىنىپ كۈن ئۆتكىزىدىغان كىشىلەر پۈتۈنلەي يالىڭاچلىنىپ قالغان ئىدى. ئالتۇن ئارقىلىق قىممىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ كېلىنگەن مارك بىلەن ئاكىتسىيە سېتىۋېلىش ئىشلىرىدىمۇ بۈگۈن نەق پۇلغا سېتىۋېلىش يولغا قويۇلغاچقا، تۆلىنىدىغان قەغەز پۇل تىنماي قىممىتىنى يوقۇتۇپ تۇراتتى. ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنە شۇنداق ۋەقە  بېشىغاكەلگەن جەنۇپلۇق ئائىلىلەرلا بۇنداق پۇل پاخاللىقىنىڭ قانداق بىر ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئەڭ ياخشى بىلەتتى.
بۇ ئىشلاردىن ئەڭ بەك خوشال بولغان كىشىلەر بۇرۇن ئېغىر قەرز ئاستىدا بۇغۇلۇپ قالغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئەندى قەرزلىرىنى قىلچە قىممىتى يوق بۇ پاخال پۇللارنى تۆلەش بىلەن شۇنچە ئېغىر قەرز رەقەملىرىدىن بەكلا ئاسان قۇتۇلۇپ كېتەتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشتىن ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلار يەنىلا ئاكىتسىيە بازارلىرىدىكى چوڭ غوجايىنلار، ھايانكەش ئېلىپ ساتارلار، ھەمدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىشنى بىلىدىغان چەتئەللىكلەر بولۇپ، ئۇلار كۈلكىلىك ئەرزان باھالاردا زىبۇ-زىننەت ۋە مۇقىم مۈلۈكلەر سېتىۋېلىشاتتى. ئۇلار بىر قانچە يۈز دوللار خەجلەپلا چوڭ تىپتىكى زاۋۇتلار بىلەن چوڭ-چوڭ بىنا-مېھمان سارايلارنىڭ غوجايىنلىرىغا ئايلىنىۋالاتتى. كىشىلەرنىڭ ئۈنچە-مارجان دېگەندەك ئائىلە مىراسلىرىنىڭ پۇلىغىمۇ ئارانلا بىرەر ھەپتىلىك يەيدىغان نەرسە كېلەتتى.149 بۇ كۈنلەردە ئادەمنىڭ زادىلا ئىشەنگىسى كەلمەيدىغان غەلىتى ئىشلار يۈز بېرىپ تۇراتتى: بىر ئايال يولدا بىر سېۋەت پۇلنى ئۇنتۇپ قېلىپ كېتىپ قالغان. سەل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئايال پۇلىنى ئىستەپ بايىقى يەرگە كەلسە بىرسى ئۇنىڭ پۇلىنى پاسكىنا ئېرىققا تۆكىۋېتىپ سىۋىتىنى ئوغرىلاپ كەتكەن؛ ھەپتىلىك مائاشى 2 مىليارد بولغان بىر ئىشچى ئارانلا ئائىلىسى بىر كۈن يىگىدەك قۇم چامغۇر سېتىپ ئالالايتتى. ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنلىنىشى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئەزەلدىن قانۇن ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ ئادەتلىنىپ كەلگەن نېمىسلاردا ئېتىزلىقلاردىن قۇمچامغۇر بۇلاپ يەيدىغان ھادىسىلەر ئادەتتىكىلا ئىشلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ (ئۇ كۈنلەردە ئەڭ بازىرى ئىتتىك كىنولار ھەرگىزمۇ نېمىسلار ئۆزلىرى لېنتىغا ئالغان فىلىملەر ھېسابلانمايتتى. ئۇ كۈنلەردە د. ۋ. گرىفىت تەرىپىدىن لېنتىغا ئېلىنغان فىلىملەر ئەڭ بەك بازارلىق كىنو فىلىمى ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ لېنتىغا ئالغان بىر كىنو فىلىمىنىڭ ئىسمى «ھايات — نېمە دېگەن گۈزەل» دېگەن فىلىم بولۇپ، ئۇنىڭدا نيېل خاممېلتون بىلەن كارول دېمپىستېر ئىككىسىنىڭ رول ئېلىشىدىكى كەلگۈسىدە كىچىك بىر پارچە قۇمچامغۇر ئېتىزىغا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزمەكچى بولغان نېمىس ئەر-خوتۇن تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. بۇ كىنو فىلىمىنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق سەھنىسىدە، بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن يېرىم كېچىدە ئوغۇرلۇقچە قۇمچامغۇرلۇقىغا بېرىپ ھوسۇل يىغىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى ھارۇۋىغا قوشۇپ ھارۇۋا سۆرەپ ئورمانلىق ئىچىدە كېتىۋاتقىنىدا ئالدىغا بىر توپ قاراقچى چىقىپ قۇمچامغۇرلىرىنى پاك-پاكىزە بۇلاپ كەتكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. ئۇ كۈنلەردىكى ئەڭ ياخشى نېمىس كىنو فىلىمى «تىم-تاس كوچىلار» دېگەن كىنو ئىدى. بۇ كىنو فىلىمىدا ئاساسلىق رول ئالغان گرىتا گاربوۋ، ۋيېننالىق بىر كاپىتالىسنىڭ قىزى رولىنى ئوينايدۇ. ۋەقەلىكتە ئاكسىيە بىرژىسىنى تېزگىنىگە كىرگۈزىۋالغان كىشى جاھاننى مالىماتاڭ قىلىۋېتىپ بۇ ئائىلىنى پۈتۈن مال-مۈلكىدىن ئايرىلغان قەلەندەر ھالغا چۈشۈرۈپ قويغاچقا، بۇ كاپىتالىست ئائىلىسى ئاچارچىلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بۇ كىنونىڭ يەنە بىر سەھنىسىدە كىشىلەر گۆش دۇكىنى ئالدىدا كۆش ئېلىش ئۈچۈن كېچىچە ئۆچۈرەت تۇتۇپ چىققانلىق ۋەقەسى نەق مەيدان شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن. بۇ كىنو فىلىمى قاتتىق غەزەپلەنگەن ئاممىنىڭ كىشىلەرنى قاخشىتىپ يۈرۈپ بېيىپ كەتكەن قاسساپقا ھۇجۇم قىلغانلىق سەھنىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ — ئا. ھ. ئى).
شۇ يىلى يانۋاردىن باشلاپ ھىتلېر پارتىيىسىگە 35 مىڭ نەپەر يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىدۇ. ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگىنىدە، ھىتلېر، ئەندى خەلقىمىز بىر مەيدان ئىنقىلاب قوزغاشقا تەييار ھالغا كەلدى دەپ قاراايدۇ. “مېنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى پانتازىيىلىك خىياللىرىم ۋە پۈتكۈل نېمىس خەلقىنىڭ قىزغىنلىقى مېنى ئەنە شۇنىڭغا مەجبۇرلىماقتا. — دەيدۇ ھىتلېر نيۇرېمبېرگ مىتىنگىدە، — ئەندى ھەرىكەت باشلىماقتىن باشقا چارەم قالمىدى.” ھىتلېر نۇتۇق سۆزلەپ ھېچقاچان بۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ باقمىغان ئىدى. “ھەيران قالىسەن، بۇ ئادەم نۇتقىنى باشلىغىنىدا مەيداندىكىلەر ھەقىقەتەنمۇ تىم-تاس بولۇپ ئۇنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاشقا باشلايتتى. — دەپ يازىدۇ، ھىتلېرنىڭ ئەسەبىي مورتىغا ئايلانغان بىر قىز شۇ يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئائىلىسىگە يازغان خېتىدە، — پۈتۈن مىتىنگ مەيدانىغا يىغىلغان خەلق، نۇتۇقنى ئاڭلىيالماي قېلىشىدىن قورقۇپ ھەتتا تىنىقمۇ تارتماي دېگىدەك تىڭشايتتى. مېنىڭچە، ھىتلېر قېرى-ياش، ئەر-ئايال بارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا يىغىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەپسۇن ئوقىسا كېرەك؟” ئۇنىڭ نۇتقىدىن مەس بولۇپ كەتكەن يەنە بىرسى ھىتلېرنىڭ تۈكۈرۈكلىرى  چاچىرىغىدەك ئارىلىققىچە ئۇنىڭغا يېقىنلىشالىغان. “بىز ئۈچۈن بۇ ئادەم قۇيۇنتازدەك كېزىپ يۈرىدىغان بىر جاپاكەش راھىپ. ئەمما ئۇ خەلقنىڭ قەلبىدە يېنىپ تۇرغان ئوت يالقۇنىنى قانداق قىلغاندا يالقۇنجىتىشنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغان بىرسى. ئۇ نۇتقىدا مۇنازىرە ئۇسۇلىدىن پايدىلانمايدۇ. چۇنكى ئۇنداق مۇنازىرە شەكلى كىشىلەرنى قىساس ئوتى ئىچىدە يالقۇنجىتىش جەھەتتە كارغا كەلمەي قالىدۇ. ئۇ ئەسەبىلەرچە قاتتىق ۋارقىراپ سۆزلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىناتتى. ئەمما ئۇ يەنىلا قۇلاق پەردىلىرىنى تىتىرتىپ پاڭ قىلىۋەتكىدەك قايتا-قايتا تەكرارلاشلار بىلەن، شۇنىڭدەك كىشىنى تەسىرلەندۈرەلىگىدەك ئاھاڭ بويىچە رېتىملىك سۆزلەر بىلەن نۇتۇق سۆزلەيتتى. ھىتلېر بۇ ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىش يولىنى تولۇق ئىگىلىگەن بىرسى ئىدى. ئۇنىڭ بۇنداق نۇتۇق سۆزلەش ئۇسلۇبى كىشىلەر قەلبىنى كۈچلۈك ئىسكەنجىگە ئېلىۋالالايتتى، شۇنىڭدەك ئىپتىدائى، ياۋايىلارچە ھاياجان يارىتىش تەسىرىنىمۇ پەيدا قىلالايتتى.”
باۋارىيىدە، بۇ تۈردىكى كۈشكۈرتۈش خاراكتېرىنى ئالىدىغان نۇتۇقلار پەيدا قىلغان كۈچلۈك بېسىم، قولىدا شۇنچە كۆپ مۇستەبىتلەرچە ھوقۇق بولۇپ تۇرغىنىغا قارىماي، ۋون كاھرنىمۇ ئۆز ۋەزىپىسىنى پەقەتلا ئىجرا قىلالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. يوقۇرىدىن ئۇنىڭغا ھىتلېرنىڭ زوراۋانلىقىغا چەك قوي دەپ تەلەپ قىلىپ تۇرسىمۇ، باۋارىيىدىكى نۇرغۇنلىغان يېتەكچىلەر ئۇنىڭدىن ھىتلېرغا قوپال مۇئامىلىدە بولما دەپ بېسىم ئىشلىتەتتى. باۋارىيىلىكلەرنىڭ تىنچلىق دېگىنى ئەسلىدە مىللەتچىلىك ۋە كونسىرىۋاتىپلارنىڭ تىنچلىقى بولۇپ، ھىتلېرنىڭ بۇنچە قوپال ھەرىكەتلىرىنى، ئۇنىڭ بۇنچە ئېغىر نۇتۇقلىرىنى نۇرغۇن كىشىلەر تەنقىت قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئۇلارمۇ خۇددى ھىتلېرغا ئوخشاش قۇدرەتلىك بىر گېرمانىيە چۈشىنى قىلىشىدىغان، بۇنى تېزىراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلايدىغان كىشىلەر ئىدى. “بىر قىسىم كىشىلەر  بۇرۇندىن ھۆرمەتلىنىپ كېلىنگەن تۇيغۇلار كىشىلەرنى ئۆزلىكىدىنلا ناتسىستچىلىق تۇيۇق يولىغا باشلاپ كېتىۋاتماقتا. — دەيدۇ باۋارىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ لېبرالىست بىر ئەزاسى، — ئەسلىدە، بۇ كىشىلەرمۇ راستىنلا ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان سەمىمى كىشىلەر ئىدى.” شۇ سەۋەپتىن، باۋارىيە ساقچى دائىرىلىرى شۇنچە قۇرساق كۆپىكى قىلىپ يۈرگەن بولىشىغا قارىماي ھىتلېرنىڭ بۇنچە زوراۋانلىق قىلىشلىرىغا بەك قول ئۇزارتىپ كەتمەيدۇ. باۋارىيىنىڭ قۇرۇغلۇق ئارمىيە قۇماندانى گېنېرال ئوتتو ۋون لوسسوۋ بېرلىندىن ھىتلېرنى چەكلەش، ئۇنىڭ گېزىتنى پىچەتلەش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىمۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلشتىن باش تارتىدۇ. لوسسوۋ داۋاملىق تۈردە بۇ بۇيرۇققا بوي سۇنماي كەلگىنى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ئەمما بۇ ئىش چوڭىيىپ باۋارىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ غەزەپلەندۈرىۋېتىدۇ. شۇڭا، باۋارىيە ھۆكۈمىتى بۇ سابىق گېنېرالنى بېرلىننىڭ تەلىۋىنىڭ ئەكسىچە باۋارىيە شىتاتى دۆلەت مۇداپىيە باش قۇماندانلىقىغا تەيىنلەيدۇ.150
ئەتىسى، باۋارىيىدە تۇرۇشلۇق بارلىق قوشۇنلار بىرلىكتە بۇيرۇققا ئىتائەتسىزلىك كۆرسىتىدۇ. يەنى بىر ھېساپتا پۈتۈن ئارمىيە ئىسيان كۆتەرگەندەك بىر ئىش يۈز بېرىدۇ. قىسىملار باۋارىيە ھۆكۈمىتىگە قەسەم بېرىپ ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەنلىكىنى، “باۋارىيە بىلەن ئىمپىرىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قايتىدىن تەڭشەلگەن كۈنىسىلا ئاندىن يوقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرغا بوي سۇنۇش پىرىنسىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن” دەپ قەسەم قىلىشىدۇ. بۇ بىر قانۇنلۇق، رەسمى بىر ھەرىكەت بولۇپ، زوراۋانلىق كۈچىدىن پايدىلانماي قوزغىغان، ئەمما يەنىلا كەم-كۈستىسىز بىر ئىسيان ھېسابلىناتتى. “بۇنىڭلىق بىلەن ئىچكى ئۇرۇش چىقمايدۇ. _ دەيدۇ باۋارىيە ئىچكى كابېنت ئەزاسىنىڭ روبېرت  مۇرفى بىلەن ئۆتكۈزگەن  بىر قېتىملىق خۇسۇسىي سۆھبىتىدە، _ بۇ دۆلەتنىڭ رولى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا سولغا قېيىپ كەتكەن ئىدى. بۇنداق قېيىپ كېتىشتىن ساقلاش ئىشى بۇرۇن ۋە ھازىرمۇ يەنىلا باۋارىيىلىكلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بىر مەسئولىيىتى.”
ھەيئەت ئەزاسى ۋون كاھرمۇ ماقالە ئېلان قىلىپ فېدېراتىپ ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇ، «ميۇنخېن گېزىتى» دە ئېلان قىلغان بۇ ماقالىسىدا باۋارىيىنىڭ بويرۇققا بوي سۇنماسلىقىنى ئاقلاپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، باش مىنىستىر گۇستاۋ ستېرېسېماننىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرىق قىلىدۇ. ستېرېسېمان بولسا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا، ئەركىنلىك بىلەن سىياسىي ھوقۇققا چىن قەلبىدىن ئىشىنىدىغان بىرسى ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر مىللەتچى ئىدى. ئۇ قاتتىق تەنقىتلەپ كېلىپ، پرۇسىيىدە 32 مىڭ نەپەر ماركسىزمچى ھەر خىل مەمورى ئورۇنلارنى ئىگەللەپ ئېلىشقان، “شۇنداق بولغاچقا، مەملىكەت ئىچىدىكى سىياسەت يۈرگۈزۈش ئىشلىرى پۈتۈنلەي ماركسىزملىق ئۇسۇلدا كېتىۋاتماقتا، يەنى ماركسىزمچىلار شەيئىلەرنىڭ تەبىئى تەرەققىيات قانۇنىغا زىت ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ مەقسىدى مەجبۇرلاش، رىغبەتلەندۈرۈش، كۈشكۈرتۈش ۋە كوچا جىدىلى پەيدا قىلىشتىنلا ئىبارەت. ھازىر تاشقى سىياسەتمۇ خەلقئارالىشىش يولىغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە، ئەمما دېپلوماتىيە ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغانلار ھەممىلا يەردە ۋەھىمە تارقىتىشىپ گېرمانىيىنىڭ قايتىدىن كۈچلىنىشىگە يول قويماي كەلمەكتە.” ئۇنىڭ بۇ تۈر قاراش ۋە بۇ گەپلىرى خۇددى ھىتلېرنىڭكىنىڭ ئەينى ئىدى.
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ۋېيمار ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان بولىشىغا قارىماي يەنىلا ئۆز قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلىپ يۈرگەن گېنېرال ۋون لوسسوۋ، بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا “ھەممە ئىشلار ئۆز يولىدا بولىشى ئۈچۈن ئۈچ خىللا ئېھتىماللىق بارلىقىنى، يەنى، بۇرۇنقىدەك ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن ھارۇۋىنى يەنە شۇ بۇرۇنقى كالا سۆرەش؛ باۋارىيە بىلەن ئىمپىرىيە بىر-بىرىدىن ئايرىلىش؛ ياكى بولمىسا بېرلىنغا يۈرۈش قىلىپ، مەملىكەت بويىچە دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈشنى ئېلان قىلىشلاردىن بىرىنى تاللىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ” دەيدىغان پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھىتلېر بۇ ئۈچ تۈرلۈك پەرەزنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىنى، يەنى بېرلىننى ئىگەللەش يولىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھىمايە قىلىپ چىقىدۇ. باۋارىيىنى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن ئاجرىتىۋېلىش ئېھتىمالى ھىتلېرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر يول ھېسابلىناتتى. چۇنكى باۋارىيە مۇستەقىل بولىۋېلىشى ھامان، شاھزادە رۇپرېچت پادىشالىقىدىكى مۇنارخىيە ھاكىمىيىتى تىكلىنىشى مۇمكىن دەپ قارايتتى (ھىتلېرغا تەۋە ئىچكى قىسىمدىكىلەرنىڭ پىكىر بىرلىكى بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، كاپىتان رۆم، شاھزادە رۇپربچت بىلەن ئىككى قېتىم ھەمكارلىشىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇنۇشتا، ئۇ رۇپربچتنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ھىتلېر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى يالۋۇرۇپ تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، شاھزادە “بەك دوستانە بولمىغان” قىياپەتتە قوبۇل قىلمىغان ئىدى. يەنە بىر قېتىمىدا، رۆم شاھزادىگە ھىتلېر، لۇدېندورف ۋە شاھزادە ئۈچى بىرلىشىپ باۋارىيىگە ھۈكمۈرانلىق قىلىش ئارقىلىق بۇ شىتاتنى بازا قىلغان ھالدا ھەر قايسى ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ شىمالى گېرمانىيىگە قۇراللىق بېسىپ كىرىپ ئىگەللەش تەكلىۋىنى بېرىدۇ. “شاھزادە رۆمغا نېمە دەپ جۆيلۈپ يۈرىسەن؟” دېگەن ئىدى دەيدۇ شاھزادىنىڭ سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى كېيىن بىر ئەسلىمىسىدە. — ئا. ھ. ئى). شۇنداقتىمۇ، ئەگەر باۋارىيە مۇستەقىللىق ئېلان قىلمىسا، دېپوتات ۋون كاھر بىلەن گېنېرال ۋون لوسسوۋ ئىككىسىنى بىزنىڭ سېپىمىزدا تۇرۇپ بېرلىنغا يۈرۈش قىلىشقا ماقۇل قىلالامسەن؟ دەپ سورايدۇ. روزېنبېرگ بىلەن شېۋبنېر رىچتېر بۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: ئۇلارنىڭ پىلانى بويىچە، 4-نويابىر “گېرمانىيە كۈنى” نى خاتىرلەش كۈنىدە شاھزادە رۇپپرېچت بىلەن كاھر ئىككىسىنى قاچۇرۇپ كېلىمىز. ئاندىن يۈزلەرچە ھۇجۇمچىلار ئەترىتىدىكىلەر فېلدھېرنخال زالى ئەتىراپىدىكى يوللارنى قامال قىلىمىز. بارلىق مۇھىم كىشىلەرنى زالغا يىغىمىز. ئاندىن ھىتلېر ئوتتۇرىغا چىقىپ تۆۋەندە تۇرغان بۇ ئەسىرلىرىگە151 “قىزىللار ھاكىمىيىتىگە چەك قويۇش ئۈچۈن، باۋارىيىنىڭ ئىمپىرىيىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا چەك قويۇش ئۈچۈن ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزىۋالدىم” دەپ چىرايلىقچە ئېلان قىلىدۇ. روزېنبېرگنىڭ دېيىشىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ، “بەكلا سىلىق ۋە بەكلا قىسقا ۋاقىت” ئىچىدە تاماملىنىدىغان بولغاچقا، كاھر بىلەن شاھزادە رۇپپرېچت ئىككىسى ھەمكارلاشماقتىن باشقا چارىسى قالمايدىكەن.
خانفىستايىنگىل بۇنى بىر “قۇرۇق خىيال” دەپ قارايدۇ. ئۇ، شاھزادىغا قارىتا يولغا قويۇلىدىغان ھەر قانداق بىر ھۇجۇم، چوقۇم قۇرۇغلۇق ئارمىيىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قىساس ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ چىڭ تۇرىدۇ. خانفىستايىنگىل، بۇنداق بىر ئۇرۇنۇشنىڭ نەقەدەر ئەقىلسىزلىق بىلەن تۈزۈلگەن پاقەتلا ئىشقا ئاشمايدىغان بىر پىلان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، روزېنبېرگنىڭ شەخسىيىتىگىمۇ بىرمۇنچە ھاقارەتلەرنى قىلىدۇ. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، ئەگەر ھىتلېر بۇ تۈردىكى بالتىقلىقلارنىڭ ھىلىمىكىرلىرى كەينىدىن كېتىۋەرگىنىدە بۇ پارتىيە چوقۇم بىر كۈنى يوقۇلۇپ كېتىدۇ دەيدۇ. ھىتلېر ئادەم بۇلاش پىلانىنىڭ رەت قىلىنىشىغا ماقۇل كەلگەن بولسىمۇ روزېنبېرگ دېگەن ئىشلارغا دەرھال بىر نېمە دېمەي تۇرىۋالىدۇ (ھىتلېر ئادەتتە ئادەملىرىگە بىر خىل گەپ قىلمايتتى. خۇددى ئۇنىڭ خانفىستايىنگىلغا ئېيتقىنىغا ئوخشاش ئادەم قاچۇرۇش ئىشىدىن ۋاز كېچىشنى مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ ئىدى.شۇنىڭغا قارىماي، روزېنبېرگ قوزغىلاڭنىڭ بەرىبىر پىلان بويىچە داۋاملىشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى. “گېرمانىيە كۈنى” گە يېتىپ كەلگىنىدە، روزېنبېرگ ئۇ يوللاردا بەكلا كۆپ ھەربى پاتروللار ئايلىنىپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرگىنىدىن كېيىنلا بۇ پىلاننىڭ راستىنلا ئىشقا ئاشمايدىغان بىر خامخىيال ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلايدۇ. شۇڭا ئۇ، ھىتلېرغا “بۇ سىياسىي ئۆزگىرىش پىلانىدىن ۋاز كەچمىسەك بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ” دەيدۇ. ھېلېنا خانفىستايىنگىل، ھىتلېرنىڭ مۇنداق بىر ئادىتىنى ئۇزۇندىن بېرى كۈزىتىپ كەلمەكتە ئىدى: ئادەتتە ئەتىراپىدىكى مەسلىھەتچىلىرىگە ھېچ نېمىنى ئۇقتۇرماي ئۇلارنى ئاقماق قىلىپ يۈرەتتى. “ئۇ مەلۇم بىر پىلاننى، قايسى بىر قېتىملىق زىيارەت قىلىشىنى ياكى يېڭىدىن تونۇشقان كىشىلەرگە بەرگەن بىرەر ئىشىنى ھەرگىزمۇ ھەممىگە تەڭ سۆزلەپ يۈرمەيتتى. ھەر خىل پارتىيە ئەزالىرى تۇيۇقسىزلا پۈتۈن ئىشلاردىن خەۋىرى يوقلىقىنى سېزىپ قالدىغان بولغاچقا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىپ تۇراتتى. بۇنداق قىلىش، ئۇنىڭ پارتىيىنى بىر قول بىلەن باشقۇرۇپ تۇتۇش تاكتىكىسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىناتتى” — ئا. ھ. ئى). “بىزنىڭ ئويلىشىدىغان ئەڭ ئالدىنقى مەسىلىمىز بېرلىنغا يۈرۈش قىلىش ئىشى بولىشى كېرەك. — خانىفستانگىل ھىتلېرنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئەسلەيدۇ، — بىز نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددى ئىشىمىزنى ھەل قىلىۋالغىنىمىزدىن كېيىن، روزېنبېرگنى باشقا بىر ۋەزىپىگە قويمىساق بولمىغىدەك.”
بۇ چاغدا، مىنىستىر پرېزدېنت ۋون كنىلىڭنڭ نازارىتىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان باۋارىيە ھۆكۈمىتى كاھر، لوسسوۋ ۋە پولكوۋنىك ھانس رىتتېر ۋون سېيسېر قاتارلىق ئۈچ نەپەر “ۋون” (ۋون — نېمىسچە ئەسلى تەلەپپۇزدا ’فون‘ دەپ ئوقۇلىدىكەن. — ئۇ.ت) ئۈنۋانلىق سىياسىي كاتتىۋاشنىڭ قولىدا ئىدى. بۇلاردىن سېيسېر دېگىنى باۋارىيە ساقچى باشلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتىراپىدا بىر تۈركۈم قابىل ھەم ياش شىتاپ باشلىقلىرى يىغىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئۆز ئورنىدىن غەم يىمەيدىغان كىشىلەر ئىدى. قېدىمقى رىم گۇندىپايلىرى مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۈچ نەپەر سىياسىي كاتىۋاش، كۈزەتكۈچى دېگەندىن كۆرە ھەقىقەتەنمۇ مۇستەبىت ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا ئوخشايتتى. گەرچە بۇ ئۈچ نەپەر ئادەم ھەر تۈردىكى كۈچلۈك كونسىرۋاتىپ كىشىلەر بىلەن ئوڭچىل رادىكال كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئۇلار، ھىتلېرنىڭ ئىنقىلاب ستىراتىگىيىلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن ئەمەس، شۇڭا ئۇنى مۇۋاپىق دەرىجىدە يىتەكلەش ياكى قانۇن بويىچە چەكلەپ تۇرۇش كېرەك دەپ قارىشاتتى. 30-ئۆكتەبىر كۈنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش يۈز بېرىدۇ. ھىتلېر، شۇ كۈنى زىركۇس كروندا ھاياجان ئىچىگە تولغان مىتىنگ قاتناشقۇچىلىرىغا مۇنداق دەپ ئاشكارە ئېلان قىلىدۇ: بىز بېرلىنغا يۈرۈش قىلىمىز.
“مەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى، — دەيدۇ ھىتلېر ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ، — بېرلىن سارىيى ئۈستىدە قارا-ئاق-قىزىل ئۈچ رەڭلىك كرىست بايرىقىمىز لەپىلدىگەن كۈنىسىلا گېرمانىيە مەسىلىسى ھەل قىلىنغان بولىدۇ! بىز بۈگۈن بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت پىشىپ يېتىلدى دەپ قارايمىز. بىز خۇددى جەڭ مەيدانىدىكى جەڭچىلەرگە ئوخشاش نېمىس خەلقىگە بولغان بۇ مەسئولىيەتتىن قەتئىي باش تارتماسلىقىمىز كېرەك. بىز بۇيرۇققا قەتئىي بوي سۇنغان ھالدا، رەتلىك قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشىمىز كېرەك!”
ھىتلېر، بۇ ئۈچ نەپەر سىياسىي كاتىۋاشلار ئارىسىغا زىدىيەت تېرىشنى مەقسەت قىلىپ پولكوۋنىك ۋون سېيسېر بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. 1-نويابىر كۈنى، ئۇلار بىر مال دوختۇرىنىڭ ئۆيىدە كۆرۈشىدۇ. بۇ مال دوختۇر، “ئوبىرلاند ئىتتىپاقى” دەپ ئاتالغان، ھەربى قىياپەتتە يۈرىدىغان مىللەتچىلەر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئىدى. ئۇ يەردە ھىتلېر، سېيسېرنى كاھر باۋارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر پېچكىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىگە ئىشەندۈرمەكچى بولىدۇ.152 كەينىدىنلا ئۇنىڭغا، بىر ھەپتە بۇرۇن تەكلىپ قىلغىنىغا ئوخشاش، سېيسېر بىلەن لوسسوۋ ئىككىسىنىڭ ئۆزى ۋە لۇدېندورف بىلەن بىرلىشىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ. ئەمما سېيسېر دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەتىۋارلىنىپ كېلىنگەن ھەر قانداق بىرسى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىمايدىغانلىقىنى، قۇرۇغلۇق ئارمىيىسىدىكى يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھېچ قايسى بۇنداق بىر ھەمكارلىق ئورناتمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەيدۇ. ھىتلېرمۇ گەرچە گېنېراللارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك لۇدېندورفقا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، پولكوۋنىك دەرىجىسىدىن تۆۋەن بولغان ئوفىتسېرلار لۇدېندورفنى قوللاپ ھەرىكەت قىلىشتا باشلىقلىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. “بۈگۈن ھەرىكەت قىلىشنىڭ تازا پەيتى، — دەيدۇ ھىتلېر ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىپ، — خەلقىمىز بەكلا ئېغىر ئىقتىسادىي  بېسىم ئاستىدا قالماقتا. ئەگەر بىز دەرھال ھەرىكەتكە ئاتلانمىساق خەلقنىڭ كوممۇنىستلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىشى ئېھتىمالى بەكلا كۈچلۈك.”
گەرچە سېيسېر بىلەن كاھر ئىككىسىلا ناتسىستلارنى “بىر دۆۋە سۈپۈرەندىدىن باشقا نەرسە ئەمەس” دەپ قارىسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ھەرىكەت قوللىنىدۇ. 6-نويابىر كۈنى، بۇ ئۈچ نەپەر سىياسىي كاتتىباش ھەر قايسى مىللەتچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە كېلىپ مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ باش قوشۇشتا كاھر، نۆۋەتتە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى يېڭىدىن مەملىكەتلىك بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ۋېيمار ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قوشۇلسىمۇ ھەممە بىرلىكتە ھەمكارلىق ئاساسىدا ئاغدۇرۇپ تاشلاش كېرەكلىكىنى، ھەرگىزمۇ بەزى تەشكىلاتلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۆز ئالدىغا ئىختىيارى ھەرىكەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ. كاھر بۇ يەردە ئىسمىنى ئاتاپ كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، بەزى تەشكىلاتلار دېگىنىدە ھىتلېرنى كۆزدە تۇتقانلىقى ھەممىگە ئايان ئىدى. كاھر يەنە، ئادەتتىكى يوللاردىن پايدىلىنىپ باش مىنىستىر سترېسېماننى تەختتىن چۈشۈرۈشكە بولۇش-بولماسلىقى ئېنىق ئەمەس دەپ كېلىپ، “بۇنىڭ ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە بىر چارە تەييار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ بولدۇق. شۇنداقتىمۇ، ئەگەر پەۋقۇلئاددە تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كەلگىنىدە كۆپچىلىكنىڭ ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى بەكلا مۇھىم، كۆپچىلىك ھەر تەرەپتىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ تولۇق تەييارلىق قىلىنغان پىلان بويىچە ھەرىكەت قىلىشى، شۇنىڭدەك ھەممە بىر نىييەتتە ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك” دەيدۇ.
ئۇنىڭ كەينىدىن لوسسوۋ سۆز ئالىدۇ. ئۇ، كاھرنىڭ تۇتقان يولىنى، شۇنىڭدەك ھەر قانداق بىر قوزغىلاڭنى قۇراللىق باستۇرۇش كېرەك دەيدىغان جاسارىتىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. “ئەگەر مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشەلىسەك مەن ئوڭچى بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ھىمايە قىلىشقا تەييارمەن. — دەيدۇ بۇ گېنېرال. يەنى، ئەگەر بۇ ھەرىكەتنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇش ئېھتىمالى يۈزدە 51 لا بولىدىكەن بۇ ھەركەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشتا پاراكەندىچىلىكنى قوزغىلاڭغا ئايلاندۇرۇشنىلا ئويلايدىكەنمىز، بۇنداق بىر ھەرىكەت 5~6 كۈن ئىچىدىلا مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئۇنداق ئىش بولسا مېنى بۇ ئىشتا يوق ھېساپلاۋېرىڭلار” دەيدۇ. ئۇنداق بولغىنىدا ئۇ پولكوۋنىك ۋون سېيسېر بىلەن بىرگە “پىدائىلار باتالىئونى” بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، يەنى ئۇنداق ئەھۋال ئاستىدا باشقىچە يول تۇتىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ.
شۇ ئاخشىمى، ھىتلېر، ئۆزىنىڭ ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈش ئۈچۈن شېۋبنېر رىچتېرنىڭ ئۆيىدە بىر قانچە مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇلار بىرلىكتە كېلەر يەكشەنبە، يەنى 11-نويابىر كۈنىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە كېلىشىدۇ. بۇ كۈننى ھەرىكەت باشلىنىش كۈنى قىلىپ تاللىۋېلىشىدا مۇنداق تارىخى ۋە رىيال ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بار ئىدى: ئۇ كۈنى، گېرمانىيىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى؛ شۇنىڭدەك ئۇ كۈن يەكشەنبە كۈنى بولغاچقا بارلىق مەمورى ئىشخانىلار دەم ئېلىشتا بولۇپ، ئەسكەر-ساقچىلارمۇ كۆپ بولمايتتى. شەھەر ئىچىدىكى قاتناشمۇ ئۇنچە بەك قىستاقچىلىق بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئېس-ئاچىلار توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرلىيەلەيتتى.
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن بۇ سۈيىقەستچىلەر يەنە بىر قېتىم باش قوشۇش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ قېتىمقى باش قوشۇش يىغىنىغا “پىدائىيلار باتالىئونى” نىڭ ياشانغان يىتەكچىسىمۇ قاتنىشىدۇ. شۇ قېتىمقى باش قوشۇش يىغىنىغا لۇدېندورفمۇ قاتناشقان بولىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ، بۇ يىغىلىشقا قاتناشقانلىقىنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ يىغىنداا ھىتلېر، گيۆرىڭ ۋە شېۋبنېر رىچتېر قاتارلىقلار چوقۇم بار ئىدى. ئۇلار قوزغىلاڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى پۈتتۈرىدۇ: ئۇلار باۋارىيىنىڭ ھەر قايسى مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ پويىز ئىستانسىلىرىنى، پوچتا ئىدارىسى، تېلېگراف ئىدارىسى، رادىئو ئىستانسىسى ۋە شۇنىڭدەك جامائەت ئورۇنلىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ۋە ساقچى ئورۇنلىرىنى ئىگەللەش؛ كوممۇنىىزىمچى ۋە سوتسىيالىزمچىلار رەھبەرلىرىنى، ئىشچىلار ئۇيۇشما كاتىۋاشلىرىنى ھەمدە ماگىزىن مەسئوللىرىنى قولغا ئېلىش قاتارلىق قارارلارنى ئالىدۇ.153 ميۇنخېندا ھىتلېر ئۈستۈنلۈكتە بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا 2600 قۇراللىق ساقچىغا تاقابىل تۇرالىغىدەك تۆت مىڭ قۇراللىق قوزغىلاڭچىسى بار ئىدى.
شۇ ئاخشىمى ئاۋال ھىتلېر ئىككىنچى قېتىملىق يىغىن چاقىرىدۇ. بۇ يىغىنغا يەنە بۇرۇنقى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پۆھنېر بىلەن ھىتلېرنىڭ بۇرۇنقى ياردەمچىسى ۋىلھېلم فرىكمۇ قاتنىشىدۇ. فرىك ھازىرمۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئادىمى بولۇپ، ھىتلېر بىلەن ئۇنىڭ مورتلىرىنى يۇشۇرۇنچە قوغداپ يۈرەتتى. بۇ سۈيىقەستچىلەر يېڭى ۋەزىيەت تەرەققىياتى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىشىدۇ. بۇنداق يېڭى ۋەزىيەت، ئۇلارنىڭ بۇرۇن تۈزگەن پىلانلىرىنى دەرھال ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئەسلىدە، كومىتىت ئەزاسى كاھر، تۇيۇقسىزلا ئەتىسى كەچتە بۈرگېربراۋ پىۋىخانىسىدا “ۋەتەنپەرۋەرلىك نامايىش” ھەققىدە ئاممىۋى يىغىن چاقىرىش ئۇختۇرۇشى تارقىتىدۇ. بۇ مىتىنگنىڭ كۆرۈنۈشتىكى مەقسىدى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسى مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈشتەك قىلغىنى بىلەن، بىر ئېھتىمالدا ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ مۇھىم ھۆكۈمەت ئادەملىرى ئارىسىدا، ھەربى قوماندانلار ۋە شۇنىڭدەك خەلق ئاممىسى ئارىسىدىكى ئىناۋىتى يوقىرى كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئېھتىمالىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنماقچى ئىدى. بۇ مىتىنگكە ھىتلېرنىمۇ تەكلىپ قىلىشىدۇ. روشەنكى، بۇ تەكلىپ چوقۇم بىر قاپقان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ياكى بولمىسا، بۇ ئۈچ سىياسىي كاتىۋاش باۋارىيىنى بېرلىندىن ئايرىپ مۇستەقىل قىلىپ ۋىتتېلسباخ خاندانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىمۇ پىلانلاۋاتقان بولىشىمۇ ئېھتىمال ئىدى.
ھىتلېر، بۇ ئىش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بىر پۇرسەت دەپ قاتتىق تۇرۇپ مۇنازىرىلىشىدۇ. ئۇ، مىتىنگ كۈنىسى ئۈچ سىياسىي كاتىۋاش، مىنىستىر ۋون كنىلىڭ، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەتنىڭ قالغان مۇھىم ئەزالىرى بىرلا سەھنە ئۈستىدە يىغىلىدۇ. ئۇنداقتا بىز نېمە ئۈچۈن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى بىراقلا يىغىپ بىر ئۆيگە قامىۋېلىپ بىزنىڭ دېگىنىمىزگە، يەنى بىرلىكتە سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا ماقۇل كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنمايمىز؟ ياكى بولمىسا، ئۇلار باش تولغاپ تۇرىۋالغىدەك قىلسا ئۇلارنى بىراقلا قاماپ قويالايدىكەنمىز؟ ئېنىقكى، ھىتلېر ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمىگە بەكرەك ئەھمىيەت بەرمەكتە ئىدى. ھىتلېر كۆڭلىدە شۇنى ئېنىق ھېس قىلماقتىكى، ئەگەر بۇ ئۈچ نەپەر سىياسىي كاتىۋاشنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرەلمىگىنىدە ئۇنىڭ قوزغىماقچى بولىۋاتقان قوزغىلىڭى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھىتلېرنىڭ باۋارىيە ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىش نىيىتى يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىدى، شىددەتلىك بىر ھەرىكەت قوزغاش ئارقىلىق باۋارىيە خەلقىنى قوزغىتىۋېلىپ بېرلىن بىلەن ئۈنۈملۈك تۈردە تىركىىشىشلا ئىدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۇزۇننى كۆزلەيدىغان ئۇنچە تولۇق بىرەر ھەرىكەت پروگراممىسىمۇ يوق بولۇپ، بىر قېتىم تەلەي سىناپ بېقىش ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىشلا ئىدى.
ئەمما ھىتلېرنىڭ قالغان شىرىكلىرى بۇنداق تەۋەككۈل قىلىش پىلانىغا پەقەتلا قوشۇلمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇ يىغىن مۇنازىرىسى بىر قانچە سائەت داۋام قىلىدۇ. ھىتلېر دېگىنىدە قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 8-نويابىر تاڭغا يېقىن سائەت ئۈچ بولغاندا، كۆپچىلىك ئىلاجىسىز ھىتلېرنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىدۇ: ئەڭ كېچىككەندىمۇ بۈرگېربراۋ پىۋىخانىسىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى سەھەرنىڭ سوغۇقىدا غايىپ بولىشى ھامان شېۋبنېر رېچتېر خىزمەتچىسىگە مۇھىم نەشرىيات ئەپكارلىرىغا يازغان بىر قانچە پارچە خەتنى تۇتقۇزۇپ ئىشخانىلىرى ئېچىلىشى ھامان مەسئوللىرىغا تاپشۇرغىن دەپ تاپىلايدۇ.
ئەتىسى، ھاۋا سۈڭەكتىن ئۆتكىدەك سوغۇق بولۇپ بىر ياندىن شىۋرىغان چىقماقتا ئىدى. ئۇ يىلى، باۋارىيەگە بالدۇرلا سوغۇق چۈشۈپ شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار قار شىۋرىغان ئىچىدە قالىدۇ. ھىتلېرنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان بۇ كۈندە باش ئاغرىقىغا قوشۇلۇپ چىش ئاغرىقىمۇ مىڭىسىگە چىققان ئىدى. ھەمرالىرى ئۇنى دەرھال چىش دوختۇرىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ باق دەپ نەسىھەت قىلسىمۇ “ياق، بۇنىڭغا ۋاقتىم يوق، بۈگۈن پۈتۈن ۋەزىيەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋىتىدىغان ئىنقىلاب ۋاقتى كەلگەن كۈن” دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە باشقا كەلگەننى كۆرمەكتىن باشقا چارىسى يوق ئىدى. خانفىستايىنگىل ئۇنىڭدىن “ئەگەر ئاغرىقىڭ ئېغىرلىشىپ كەتسە ئىشلىرىمىزنى قانداق قىلىمىز؟” دەپ سورايدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭغا: “ئەگەر راستىنلا ئاغرىقىم كۈچىيىپ كەتسە ياكى ئۆلۈپ كەتسەم، يۇلتۇزۇم ئۆچكەن، كۈنۈممۇ ئاخىرلاشقان دېگەن گەپ. ئۇ كۈندە ۋەزىپەمنىڭمۇ ئاخىرى كەلگەن بولىدۇ” دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
چۈشكە ئاز قالغاندا ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنىڭ بەزىلىرىگە تېلېفوندا،154 بەزىلىرىگە باغاق شەكلىدە ھەرىكەت تەييارلىقىغا ئۆتۈڭلار دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. يەنە بەزىلىرىگە ئادەم ئىۋەرتىپ بۇيرۇق يەتكۈزىدۇ. بۇيرۇقتا ھەرىكەت تەييارلىقىنى باشلىتىشتىن باشقا ھېچقانداق بىر تەپسىلات ياكى بىرەر ئىزاھاتمۇ بېرىلمىگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، ھىتلېرنىڭ نۇرغۇنلىغان يېقىن كىشىلىرىمۇ پىلاندا ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن خەۋىرى يوق ئىدى. چۈش بولغاندا، روزېنبېرگ (ئۇچىسىغا قېنىق بىنەپشە رەڭلىك كۆڭلەك كىيىپ، بوينىغا قىزىل گالۇستۇك چىگىۋالغان ئىدى)، يېڭىدىن بوياپ ھاكلانغان چاققان ئىشخانىسىدا خانفىستايىنگىل بىلەن شۇ كۈنكى «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتىنى مۇزاكىرە قىلىشىدۇ. بۇ گېزىت بىرىنچى بېتىنىڭ پادىۋال ئۈستىگە پروسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ روسىيە تەرىپىدە ناپالىئوننىڭ ئۇدۇلىدىكى تاۋروگېن قەلئەسىدە تۇرغان بىر گېنېرال رەسىمى بېسىلغان ئىدى.رەسىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە “جىددى ئەھۋال مەزگىلىدە گېنېرال يورېكتەك بىرسى تېپىلارمۇ؟” دېگەنلەر يېزىلغان ئىدى. بۇ ئىككى ئادەم، يەنى خانفىستايىنگىل بىلەن روزېنبېرگ بىر-بىرسىنى دېگەندەك ياخشى كۆرۈپ كەتمىسىمۇ يەنىلا بىرلىكتە ئولتۇرۇپ بۇ رەسىم پەيدا قىلىشى ئېھتىمال بولغان تەسىر ھەققىدە سۆزلىشىدۇ. دەل شۇ پەيتتە ئۇلار بىرسىنىڭ ئاياق تاۋۇشى بىلەن ئۈنى پۈتكىدەك ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلايدۇ: “كاپىتان گيۆرىڭ نەدە؟” دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئىشىكنى قاتتىق ئېچىپ ھىتلېر كىرىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇچىسىدا ھەربى پەلتو، بىلىنى كەمەر بىلەن چىڭ باغلىغان، قولىدا قامچا بار ئىدى. ئۇنىڭ رەڭگى رويى غەزەپتىن كۆكۈرۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۆيگە ئېتىلغاندەك كىرىپ كېلىدۇ.
“بۇ ئىشنى قەتئىي سىر تۇتۇپ ھېچ كىمگە دېمەسلىك ئۈچۈن قەسەم قىلىڭلار. — دەيدۇ ھىتلېر ئالدىرىغىنىچە، — ۋاقىت كەلدى. بۇ ئاخشام ھەرىكەت باشلايمىز!” ئۇ، بۇ ئىككىسىگە ئۆزىگە ھەمرا بولۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. “يان قۇرالىڭلارنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭلار، سائەت 7 دە پىۋىخانا سىرتىدا كۆرۈشەيلى” دەيدۇ. بۇ گەپتىن كېيىن خانفىستايىنگىل ئالدىراش ئۆيىگە بېرىپ ئايالىغا ئوغلى ئېگوننى ئېلىپ تېخى يېڭىلا يېزىدا سالدۇرغان داچىسىغا بېرىۋېلىشىنى جىكىلەيدۇ. ئاندىن ھ. ر. كنىكېربۇكېرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن مۇخبىرلارغا ھەر قانچە جىددى ئىشىڭلار بولسىمۇ قويۇپ تۇرۇپ بۇ ئاخشامقى مىتىنگنى قاچۇرماڭلار دەپ خەۋەر يەتكۈزىدۇ.
چۈشتىن كېينلەردە ھىتلېرنىڭ ھاياجىنى خېلى بېسىققان، ھېك قەھۋىخانىسىدا ئولتۇرۇپ كونا دوستى، فوتو رەسىمچى ھېينىرخ خوفمان بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ھىتلېر، بۈگۈن خۇددى باشقا كۈنلەردىكىدەك ئادەتتىكىچىلا بىر كۈن بولىدىغاندەك خاتىرجەم كۆرۈنەتتى. ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ سېرىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئېسسېرنى يوخلاپ كېلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ.
ئېسسېرنىڭ ئۆيىدە خوفماننى تالادا كۈتۈپ تۇر دەپ چىقىرىۋېتىپ ئېسسېرغا، “بۈگۈن ئاخشام مەملىكەت بويىچە ئومۇمى يۈزلۈك ئىنقىلاب قوزغاشنى ئېلان قىلماقچىمەن، شۇڭا ياردىمىڭگە مۇھتاجمەن” دەپ پىلانىنى ئاشكارىلايدۇ. شۇ كۈنى ئاخشىمى سائەت نەق 9 دا، ئېسسېر قولىدا بىر بايراق، لۆۋېنبراۋخاۋۇس پىۋىخانىسىنىڭ سەھنىسىگە ئېتىلغىنىچە چىقىپ ناتسيونال نېمىس مىللەتچى سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئىنقىلاب قوزغايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغانغا كېلىشىدۇ. شۇ ئاخشىمى ئۇ زالدا مىللەتچىلەر يىغىنى ئېچىلاتتى.
ھىتلېر ئۆيدىن چىقىپ خوفمانغا، ئېسسېر خېلىلا تۈزۈلۈپ قاپتۇ دەيدۇ. ئاندىن ئىككىسى شېلللىڭ كوچىسىدا بىر مەزگىل ئايلىنىپ يۈرىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن گيۆرىڭمۇ يېتىپ كېلىدۇ. ھىتلېر ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ بىر ھازا سۆزلىشىدۇ. ئاندىن خوفماننىڭ يېنىغا كېلىپ چىشىم بەكلا ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، دەرھال ئۆيگە قايتمىسام بولمىغىدەك دەيدۇ. بۇ چاغدا خوفمان ھېچ نىمىنى ئۇقالماي گاڭگىرىغىنىچە، بۇ ئاخشام سىلەر زادى نېمە ئىش قىلماقچىسىلەر، دەپ ھىتلېردىن سورايدۇ. ھىتلېر رەسمى تۈردە “مەن بەك ئالدىراشمەن. بۈگۈن بەكلا ئالدىراش بىر ئىشىم چىقىپ قالدى” دەپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ مەركىزى بىناسىغا قاراپ كېتىپ قالىدۇ.
بۇ چاغدا، ھۇجۇمچىلار ئەترىتىدىكىلەر — SA چىلار ئىش كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ بەل ۋە بويۇنلىرىدا تاسمىسى بار كۈلرەڭ كاژانكىلارنى كىيىپ، كرىست بەلگىلىك يەڭلىك تاقاپ، كۈلرەڭ چاڭقىيچىلار شەپكىسىنى كېيىپ يان قۇرال ئاسىدىغان تاسمىلىرىنى باغلىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئېس-ئاچىلار ئۈنفورمىسى ئىدى. ئۇلار يىغىلىش نوقتىسىغا بېرىش ئۈچۈن تەييار ھالغا كېلىدۇ. ئىككىنچى روتىدىن كارل كېسلېر يوليورۇق بويىچە ئارزبېرگېر پىۋىخانىسىغا بېرىپ تەييار تۇرىدىغان؛ موزدوز جوزېف رىچتېر خوف پىۋىخانىسىغا ئىۋەرتىلىدىغان بولىدۇ. “ئوبېرلاند بىرلىكى” نىڭ ئەزالىرىمۇ يولغا چىقىشقا تەييار ھالغا كېلىدۇ. ئۇلار كرىست بەلگىلىك يەڭلىك ئورنىغا نىپىز قار ماسكىسى تاقىغان بولۇپ، ھەممىسىلا كاسكىلىق ئىدى. ئەڭ مۇھىم بولغان قىسىم، يەنى فۈھرېرنىڭ يۈز كىشىلىك مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى بولسا155 توربراۋدا يىغىلىدىغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كوماندىرى ئاغزىدىن موخوركىسىنى چۈشۈرمەي چىشلەپ يۈرىدىغان بىرسى بولۇپ، قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە ئەسكەرلىرىنى ئۇچۇغداشقا كىرىشىدۇ: “قايسىڭ چىن قەلبىڭدىن ساداقەت كۆرسەتمەيدىكەنسەن، دەرھال يوقۇلۇش! — دەيدۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ، — بۇ ئاخشام بۈرگېربراۋ پىۋىخانىسىدا ھەر قانداق بىر ۋەقە يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر، بىردىن-بىر ۋەزىپەڭلار ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھۇجۇمغا ئۆتۈش! بۈگۈن ھۆكۈمەتنى غۇلىتىمىز!”
قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن، بىر پىكاپ كېلىپ شېۋبنېر رىچتېرنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختايدۇ. ماشىنىدىن چۈشىۋاتقان كىشى لۇدېندورف ئىدى. ئۇ شېۋبنېر رىچتېر بىلەن بىر قانچە مىنۇت سۆزلىشىپ كېتىپ قالىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، شېۋبنېر رىچتېرمۇ خىزمەتچىسى بىلەن بىرگە ماشىنىلىق ئۇچقاندەك يۈرۈپ كېتىدۇ. “خانسېل، شۇنى بىلگىنكى، _ دەيدۇ شېۋبنېر رىچتېر، — ئەگەر بۈگۈن ئىشلار كۈتكىنىمىزدەك بولماي قالسا ئەتە ھەممىمىز ئۆزىمىزنى تۈرمىدە كۆرىمىز.” ئۇلار پارتىيە باش شىتابىدا ھىتلېر بىلەن پارتىيىنىڭ باشقا رەھبەرلىرىنى ئۇچۇرتىدۇ. بىر ھازا مەسلىھەت قىلىشىپ، بەزىلەر ئىككى كىچىك ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بۈرگېربراۋ پىۋىخانىسىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار يولغا چىققان ۋاقىت كەچ سائەت 8 ئەتىراپى ئىدى. ئۇ پىۋىخانا ئىسار دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا بىر يەردە بولۇپ، ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدىن يېرىم مىلدەك يىراقتا ئىدى. بۇ بىنا رەتسىز سېلىنغان بىر بىنا بولۇپ، ئىككى يېنىدا بىرەردىن كىچىك گۈللۈكى بار ئىدى. بىنا ئىچىدە بىر مۇنچە رېستۇرانت ۋە قاۋاقخانا بار ئىدى. ئاساسلىق زالنىڭ چوڭلىقى شەھەر ئىچىدىكى زىركۇس كروندىن قالسىلا ئەڭ چوڭ ھېسابلىناتتى. زال ئىچىدە نۇرغۇنلىغان مەزمۇت يۇمۇلاق شەكىللىك ياغاچ ئۈستەللەر تىزىۋېتىلگەن بولۇپ، 3 مىڭ كىشى سىغىدىغان بىر زال ئىدى. ئەمەلدارلار بىرەر چاتاق يۈز بېرىش ئېھتىمالىنى پەرەز قىلغانلىقى ئۈچۈن خەلق ئاممىسىنى قالايماقانچىلىق چىقارتقۇزماسلىق ئۈچۈن شەھەر ئىچىدىن 125 نەپەر ساقچى كەلتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىغا بىر ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەترىتىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن خېلى كۆپ ساندا ئوفىتسېرلارنى ئارلاشتۇرۇپ ئولتارغۇزىۋەتكەن ئىدى. ئەگەر بىرەر جىددى ۋەقە يۈز بەرگىدەكلا قىلىدىكەن، چارەك مىل يىراقتىكى ھەربى گازارمىدا بىر روتا يېشىل ئۈنفورمىلىق شىتات ساقچىلىرىمۇ بۇيرۇق كۈتۈپ ساقلاپ تۇراتتى.
ھىتلېرنىڭ ماشىنىلىرى ئىسار دەرياسىدىن ئۆتۈپ بۇ ياققا قاراپ يولغا چىققان ۋاقىتلاردا يىغىن زالىنىڭ چوڭ ئىشىكى ئېتىۋېتىلگەن بولۇپ، مۇھىم كىشىلەردىن باشقا ھېچ كىمنى ئىچىگە ئالمايتتى. بارلىق ئورۇنلار ئىگەللىنىپ بولغاچقا، خانفىستايىنگىل باشلاپ كەلگەن بىر مۇنچە چەتئەللىك مۇخپىرلارنى زالغا كىرگۈزۈشكە ئامالسىز قالىدۇ. سائەت 8 دىن بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندە، ھىتلېرنىڭ قىزىل رەڭلىك مەرسەدېس ماركىلىق پىكاۋى بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقان شېۋبنېر رىچتېرنىڭ پىكاۋى پىۋىخانىغا يېتىپ كېلىدۇ. كىشىلەر ئەتراپتا توپلىشىپ ئايلىنىپ يۈرىشەتتى. بۇنىڭدىن ھىتلېر بەكلا ئەنسىرەيدۇ. ئۇنىڭ قاراماشىنا ئەترىتى بۇ كىشىلەر ئارىسىدىن بۈسۈپ ئۆتۈپ كېتەلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئىككى پىكاپ دەرۋازىغا قاراپ ئاستا-ئاستا سۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ ئىشىك بىر مۇنچە ساقچى تەرىپىدىن ساقلىنىۋاتقان ئىدى. ھىتلېر، ھېلىلا يېتىپ كېلىدىغان قىسىملارنىڭ ئۆتەلىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ تۇرماقچى بولۇپ ئالدىراش ساقچىلارغا بۇ يەردىن كېتىڭلار دەپ نەسىھەت قىلىدۇ. ئاندىن بىرمۇنچە ئادەمنى ئەگەشتۈرگىنىچە پىۋىخانا دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ. ئېسسېرنى ئىشىك ساقلاشقا قويىدۇ. تالاش-تارتىش كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، ھىتلېر ئىچىگە كىرىشى ھامان ئىشىكلەر ئىتىۋېلىنىدۇ. بۇ چاغدا ئامېرىكىلىق بىر ئايال مۇخپىرنى يىتىلەپ كەلگەن خانفىستايىنگىلمۇ ئىشىكتىن كىرەلمەي سىرتتا قالىدۇ. ئۇ، “ئەگەر سىلەر چەتئەللىك مۇخپىرلارنى كىرگۈزمەيدىكەنسىلەر، چوقۇم قالايماقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ” دەپ ساقچىلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئەمما ئۇلارغا يول ئاچتۇرغان ئادەم، ئاغزىغا گېرمانىيىدە ئاز تېپىلىدىغان ئامېرىكا تاماكىسىنى قىستۇرىۋالغان ئامېرىكىلىق مۇخپىرنىڭ ئۆزى بولىدۇ. زال ئىچىدە مېھمانلار ئولتۇرىدىغان يەردىكى بىر تۈۋرۈك يېنىدا تۇرغان ھىتلېر، سەھنە ئەتىراپىدىكى مىغىلداپ تۇرغان ئادەملەرنى كۈزىتىدۇ. سەھنىدە، كاھر نۇتۇق سۆزلەۋاتاتتى. ئۇ زىرىكىشلىك بىرلا خىل ئاۋازدا سۆزلىمەكتە ئىدى. كاھر، ماركسىزمنى تەنقىتلەپ گېرمانىيىنى روناق تاپتۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەرگە چاقىرىق قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى رەسمىي پىشقەدەم بىر ئوقۇتقۇچىغىلا ئوخشايتتى، گويا ئۇ نۇتۇق ئەمەس دەرس سۆزلەۋاتقاندەكلا كۆرۈنەتتى. زالدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن تىنىچ ئولتۇرۇپ ئاڭلىماقتا، ئارىلاپ پىۋا بىلەن زىرىكىشىنى باستۇرماقتا ئىدى.
خانفىستايىنگىل، مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ھىتلېرمۇ خەققە ئوخشاش پىۋا ئىچكەچ ئولتۇرغان بولسىمىغۇ كاشكى دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا ئۇ كۈتكۈچى بوتكىسىدىن دەرھال 3000000000 ماركقا 3 شىشە پىۋە سېتىۋالىدۇ.156 ھىتلېر قوڭۇر كىيىملىك ئادەملىرىنىڭ كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكەچ پوتولكىسىدىن يۇتۇملام قوياتتى. ئېس-ئاچىلار بىلەن لىق تولغان قارا ماشىنىمۇ پىۋىخانا سىرتىغا كېلىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈتۈپ تەييار تۇرىدۇ. ئۇلار سائەت سەككىز يېرىم بولىشى ھامان ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىپ تۇراتتى. كاسكىلىق قوغدىغۇچىلار ئەترىتىمۇ ئاخىرى يېتىپ كېلىدۇ. بۇ، ھەركەت باشلاش سېگنالى ئىدى. ئاپتوموبىللار تولۇق بوشاپ، قۇراللىق ناتسىستلار بۇ بىنانى قاتمۇ-قات قورشاۋ ئاستىغا ئېلىۋالىدۇ. سان جەھەتتە بەكلا ئاز ساقچىلار بۇ ئەھۋالدا ئۈن چىقارماي جىمىپ قېلىشىدۇ. ئۇلار سىياسىي كۈرەش ئۈچۈن قىلچە تەييارلىقى بولمىغاچقا ھېچ نېمە دېيەلمەيدۇ.
كاپىتان گيۆرىڭ باشلاپ كەلگەن قوغدىغۇچىلار ئەترىتىدىكىلەر قاتىرىغا ئېتىلىدىغان تاپانچىلىرىنى تۇتقىنىچە بىناغا بېسىپ كىرىدۇ. ھىتلېرنىڭ قوغدىغۇچىسى ئۇلرىچ گراف قوغدىغۇچىلار ئەترىتىدىكىلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ كىيىم ساقلاش بۆلۈمىدە تۇراتتى. شۇڭا ئۇمۇ دەرھال ھىتلېرنىڭ يېنىغا بېرىۋالىدۇ. ھىتلېر ئۇچىسىدىكى ھەربى پەلتوسىنى سېلىپ تاشلاپ باۋارىيىلىكلەر پاسونىدىكى ئۇزۇن قويرۇقلۇق قارا پەرىجىسى بىلەنلا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. گراف، ھىتلېرنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەر دەپ پىچىرلايدۇ. يېنىدا تۇرغانلارنىڭ دېيىشىچە، خۇددى خېرىدارنىڭ ئاشخانا غوجايىندىن ياخشىراق بىر ئورۇن تەلەپ قىلغىنىدەك بىر مەنزىرە ئىدى بۇ. 20 دەك ساقچى يولنى توسىۋالىدۇ. قوغدىغۇچىلار ئەترىتىنىڭ كوماندىرى “يولنى بوشات! نېرىغا ئۆتۈش!” دەپ ۋارقىرايدۇ. ساقچىلارمۇ راھىشلىق بىلەن كەينىگە بۇرۇلغىنىچە، خۇددى ئامېرىكا ساقچى كەسىپداشلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشىتىپ رەتلىك قەدەم بىلەن ئالدى ئىشىكتىن چىقىپ كېتىشىدۇ.
ھىتلېر قولىدىكى پىۋا قۇتىسىنى بىر چەتكە قويۇپ يېنىدىن بروۋنىڭ تاپانچىسىنى چىقىرىدۇ. SA ئەترىتىنىڭ”خايل ھىتلېر! — ياشىسۇن ھىتلېر!” دەپ توۋلاشلىرى ئىچىدە، بۇرۇن قاسساپلىق قىلغان گراف، شېۋبنېر رىچتېر (ئۇنىڭ يىراقنى كۆرمەس كۆزلىرى ئى-تۈتەككە تولغان زالدا بىر تەرەپكە قېيىپلا قالغان ئىدى)، ئۇنىڭ سادىق خىزمەتچىسى، شۇنىڭدەك يەنە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن خانفىستايىنگىل، بۇرۇنقى ساقچى ئىدارىسىدا ئىشپىيونلۇق قىلغان، ھازىرقى سودا شىركىتى مۇدىرى ماكس ئامان ۋە شۇنىڭدەك سىياسىي جوغراپىيە پاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن، كۈچلۈك غايىلىق رۇدولف ئېسسېر قاتارلىقلارنى ئەگەشتۈرۈپ زالغا كىرىپ كېلىدۇ. ھەر تۈرلۈك كېيىنگەن بۇ نوچىلار قولىدىكى قۇراللىرىنى شىلتىغىنىچە كىشىلەرنى ئىتتىرىپ يۈرۈپ نۇتۇق سەھنىسىگە قارىتىپ يول ئېچىپ ماڭىدۇ. بۇ چاغدا، قوڭۇر كۆڭلەكلىك پارتىيىلىكلەر چىقىش ئىشىكلىرىنى قامال قىلىۋالىدۇ. يەنە بىر قىسىملىرى پىلىموتلارنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا قارىتىپ تىكلەپ تەق قىلىشىدۇ. بۇ قالايماقانچىلىق ئىچىدە بىر مۇنچە ئۈستەللەر ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، قايسى بىر كابىنىت ئەزاسى ئۆزىنى ئۈستەل ئاستىغا ئېتىپ يوشۇرىنىۋالغان، بەزى كابىنت ئەزالىرى قورققىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ ئالدىرىغىنىچە چىقىش ئىشىكى تەرەپكە قاراپ ئېقىن قىلىدۇ. ئەمما ئاگاھلاندۇرۇلغاندىن كېيىن جايىغا قايتىشىدۇ. قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر تاياق يەيدۇ ياكى يەرگە بېسىۋېلىنىپ باش كۆزىگە ئۇرۇپ تېپىپ ياتقۇزىۋېتىلىدۇ.
ھىتلېر قاتاردىكى بىر توپ كىشىلەرنىڭ يولى توسۇلۇپ قالىدۇ. بۇ قالايماقانچىلىق ئىچىدە، ھىتلېر بىر ئۈرۇندۇق ئۈستىگە چىقىۋېلىپ تاپانچىسىنى ئويناتقىنىچە ۋارقىرايدۇ: “تىنچ! تىنچلىنىڭلار!” شۇنىڭغا قارىماي قالايماقانچىلىق داۋام قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ شىپقا قارىتىپ ئوق چىقىرىدۇ. ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ كىشىلەر قورققىنىدىن ئۈنىنىمۇ چىقارماي جىمىپ قالىدۇ. ھىتلېر: “مىللى سوتسىيالىزم ئىنقىلابى پارتىلىدى! زال پۈتۈنلەي قورشاۋ ئاستىدا! زالدىن ھېچ كىمنىڭ چىقىشىغا رۇخسەت يوق!” دەپ ۋارقىرايدۇ. ھىتلېرنىڭ تاتىرىپ كەتكەن يۈزىدىن تەر قۇيۇلماقتا ئىدى. بەزىلەر ئۇنى رەسمى ئېلىشىپتۇ دېيىشسە، يەنە بەزىلەر ياق، ئۇ ئېغىر مەس دېيىشەتتى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا بۇ مەنزىرىگە قاراپ كۈلىشەتتى. ئۇلارغا، قولىغا تاپانچا ئېلىپ ئوتتۇرىغا چىقىۋالغان بۇ ئىنقىلابچىنىڭ ئۇچىسىدىكى سەھەرلىك كېيىم ئۇنىڭغا پەقەتلا ياراشمىغان بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ كۈلكىلىك كۆرۈنەتتى. كۆرۈنۈشتە كۈلكىلىك تۇيۇلغىنى بىلەن، ھىتلېر بەكلا جىددى تۈستە ئىدى. ئۇ، ئۈچ نەپەر سىياسىي كاتىۋاشقا مېنىڭ بىلەن ياندىكى بۆلۈمگە كېلىڭلار، قورقماڭلار، سىلەرگە بىر ئىش بولمايدۇ دەيدۇ. ئەمما ئۇ ئۈچ كاتىۋاش قىمىرمۇ قىلماي تۇرغان يېرىدا جىم تۇرىشىدۇ. ھىتلېر بىر ئۈستەلنى ئاتلاپ ئۆتۈپ ئۇلارغا يېقىنلىشىۋىدى، كاھر كەينىگە بىر قەدەم چېكىنىدۇ. سېيسېرنىڭ كانىۋىيى بىلەن يەنە بىر مايور ئالدىغا چىقىپ يان قۇرالىنى چىقىرىدىغاندەك قولىنى يانچۇقىغا سالىدۇ. ھىتلېر تاپانچىسىنى دەرھال ئۇنىڭ كۆكرىكىگە تىرەپ “قولۇڭنى چىقار!” دەپ ۋارقىرايدۇ.
ھىتلېر بۇ ئۈچ نەپەر سىياسىي كاتىۋاش بىلەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئالدىدا ۋەدە بېرىپ،157 بۇ ئىشلار ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون مىنۇت ئىچىدىلا ھەل بولىدۇ دەيدۇ. بۇ چاغدا، ئۈچ سىياسىي كاتتىۋاش بىلەن يەنە ئىككى نەپەر كانىۋاي ھىتلېرغا ئەگىشىپ ياندىكى بۆلۈمگە كىرىدۇ. “چاندۇرماي دېگىنىگە ھە دەپ تۇرۇڭلار” دەيدۇ لوسسوۋ يېنىدىكىلەرگە پىچىرلاپ. ئىشخانىغا كىرگەندىن كېيىن ھىتلېر تېخىمۇ بەك جىددىلىشىپ كېتىدۇ: “مېنىڭ بۇ ھەرىكىتىمنى كەچۈرگەيسىلەر. — دەيدۇ ھىتلېر، — شۇنداق قىلماي باشقا ئامالىم يوق.” سېيسېر ئۇنىڭغا قوزغىلاڭ كۆتەرمەيمىز دەپ ۋەدە قىلمىغانمىدىڭ، نانكۆر دەپ ئەيىپلەيدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭدىن كېچىرىم سورىغاچ “بۇ قىلغىنىم گېرمانىيىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن” دەيدۇ. ھىتلېر ئۇلارغا: سابىق ساقچى باشلىقى پۆھنېر باۋارىيە باش مىنىستىرى بولىدۇ؛ ئوڭچى ئاكتىپلار تەشكىلاتى ’پىدائىيلار باتالىئونى‘ نى ئاساس قىلغان يېڭى دۆلەت ئارمىيىسىگە لۇدېندورف قوماندانلىق قىلىدۇ ھەمدە قوشۇن باشلاپ بېرلىنغا يۈرۈش قىلىدۇ دەيدۇ. ئۇ يەنە قوزغىلاڭ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئۈچ كاتىۋاش تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق يۈرگىزىدىغانلىقىغا، يەنى كاھر باۋارىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغانلىقىغا؛ لوسسوۋ ئىمپىرىيە قۇرۇغلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىنىدىغانلىقىغا؛ سېيسېر بولسا ئىمپىرىيە ئامانلىق ساقلاش مىنىستىرى بولىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ.
بۇ ئۈچ كاتىۋاش ھىتلېرنىڭ دېگىنىگە ئۇنىمايدۇ. ھىتلېر دەرھال تاپانچىسىنى چىقىرىدۇ (كېيىن ئۇ سوتتا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر چاخچاق ئىدى دەپ تۇرىۋالىدۇ). “قورالىمدا بەش پاي ئوق بار. — دەيدۇ قوپال بىر ئاۋازدا، — تۆت پاينى ۋەتەن ساتقۇچلار ئۈچۈن، قالغان بىر پاينى، ئەگەر بۇ ئىشتا مەغلۇپ بولسام، ئۆزەمنى ئېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن” دەيدۇ. ئۇ، تاپانچىسىنى گرافقا بېرىدۇ. ئەندى ئۇنىڭ قولىدا ئاپتوماتىك ماۋزوردىن بىرسى بار ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، جان ساقلايمەن دېيىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق دەيدۇ كاھر سوغوققانلىق بىلەن. ئۇ بۇ ئىشتا لۇدېندورفنىڭ قانداق رول ئويناۋاتقانلىقىغىلا قىزىقاتتى. ھىتلېر ھېچ نېمە دېمەيدۇ. ئۇ ئالدىراشلىق بىلەن بىر قانچە يۇتۇم پىۋا ئىچىۋېلىپ كاھردىن ئۇدا كەچۈرۈم سورىغان بولۇپ سالماق قەدەملەر بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ. زال ئىچى بەكلا قالايماقانلىشىپ كەتكەن بولۇپ تېزگىنلەش مۇمكىن ئەمەستەكلا كۆرۈنەتتى. ئوتتۇرلۇقتا بىرسى قاتتىق ۋارقىرايدۇ: “خالايىق، بۇ بىر ئويۇن!”
يەنە بىرسى، بۇ بىر مېكسىكا پاسونى ئىنقىلاب! دەپ ۋارقىرايدۇ. زال ئىچىنى قۇلاقنى يارغۇدەك ئىسقىرتىش ۋە مازاق قىلىپ كۈلۈشلەر بىر ئالىدۇ. بۇ تۈر ئاۋازلار گيۆرىڭنىڭ خۇددى خوجايىنىغا ئوخشاش شىپقا قارىتىپ بىر پاي ئوق ئېتىشىدىن كېيىنلا ئاندىن بېسىقىدۇ. ئۇ، بىزنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتىمىزنىڭ نىشانى ھەرگىزمۇ كاھرغا، ئىمپىرىيە دۆلەت ئارمىيىسىگە ياكى ساقچىغا قارىتىلغان ئەمەس دەپ ۋارقىرايدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق ئۆزىنى ئاقلىشى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، قىزىقچىلىق قىلىپ “پىۋاڭلار تۈگىمىگەندۇ، يەنە نىمىگە غەم يەيسىلەر؟” دەپ ۋارقىرايدۇ.
زالدىكى بۇ قالايماقانچىلىق ھىتلېرنى ئۈمىدسىزلەندۈرەلمەيدۇ. گەرچە زالدىكىلەر قالايماقان توۋلىشىپ غەزەپلىك تىل ياغدۇرۇشقان بولسىمۇ ھىتلېر ئۇلارنى ئىتتىرىپ يول ئاچقىنىچە سەھنىگە قاراپ ئىلگىرلەيدۇ. زالدىكىلەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭى تېخى بېسىقمىغان ئىدى. ھىتلېر غەزەپ بىلەن ۋارقىرايدۇ: “ئەگەر يەنە تىنجىماي ۋارقىرايدىغان بولساڭلار، ئۈستى قەۋەتتىكى پىلىموتچىلارغا ئوق چىقىرىش بۇيرۇقى بېرىمەن!” شۇنداق قىلىپ زالدىكىلەر ئۇنى شاڭخو قىلىشتىن دەرھال توختاپ جىمىيدۇ. “شۇنىڭدىن كېيىن، — دەيدۇ، كونسىرىۋاتىپ تارىخچى پروفېسسور ۋون مۈللېر شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ كېلىپ، — ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل بىر نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ نۇتقى بۈگۈنگىچە ھەر قانداق بىر ئارتىسمۇ قىزغانماي تۇرالمىغىدەك بىر نۇتۇق ئىدى. ئۇ نۇتقىنى ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالدا باشلايدۇ. ئۇ قىلچىمۇ نەپرەتلىك كۆرۈنمەيتتى.” ھىتلېرنىڭ نۇتقى خۇددى غەلىبە يېقىنلاشقاندەك بىر ۋەزىيەتتىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى. ئۇ زالدىكىلەرگە، مەن كاھرغا تولۇق ئىشىنىمەن، ئۇ باۋارىيە ھاكىمىيىتى ئۈستىدە تۇرىدىغان پادىشا بولىدۇ دەپ ئاممىغا ۋەدە بېرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئارمىيىمۇ لودېندورفنىڭ قۇماندانلىقىغا تاپشۇرىلىدىغانلىقى؛ لوسسوۋ قۇرۇغلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىنىدىغانلىقى؛ سېيسېر ساقچى باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ. “گېرمانىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىسى جىنايەت يېرى بابېلغا، يەنى بېرلىنغا يۈرۈش قىلىپ گېرمانىيە خەلقىنى قۇتقۇزۇشتۇر!” (بابېل — «ئىنجىل. دۇنيانىڭ يارىتىلىشى» دا تىلغا ئېلىنغان بىر شەھەر ئىسمى — ھاشىيە ئىزاھاتى)
خانىفسىتانگىل شۇ كۈنلەرنى ئەسلىگىنىدە، بۇ غەلىتە كىيىنىۋالغان ئادەم، خۇددى باۋارىيە يېزىلىرىدىكى رەسىمخانىلاردا ئۇچرىتىشقا بولىدىغان ئۈستى بېشى توز-تۇپا قۇنۇپ كەتكەن ئەينەك دېرىزە ئىچىگە قويۇلغان “شەھەرنىڭ ئەڭ چىرايلىق نىكاھ يىگىتى” ھەيكىلىگىلا ئوخشاپ قالغان ھىتلېر، نۇتقىنىڭ بىرىنچى جۈملىسىنى باشلىشى بىلەن تەڭ158 دەرھال خاسىيەتلىك بىرسىگە ئايلانغانلىقىنى، “بۇ ئەھۋال، خۇددى سترادىۋارىئۇسنىڭ ئىسكروپكىسى قېلىپىدا جىم تۇرغاندا بىر قانچە تاختاي پارچىسىدىن يېپىشتۇرۇپ ياسالغان، ئۈستىگە ئۈچەيدىن ياسالغان بىر قانچە تال تارا تارتىلغان ئادەتتىكى بىر نەرسىدەك تۇرغىنى بىلەن، ئەگەر بۇ نەرسە ئۇستا سازەندىنىڭ قولىغا چۈشۈپلا قالىدىكەن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن مۇڭلۇڭ مۇزىكىلار ياڭرىغاندەكلا بىر ئىش ئىدى” دەيدۇ. پروفېسسور ۋون مۈللېر پۈتۈن ئۆمۈرى بويىچە “بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا، ھەتتە بىر قانچە سېكونت ئىچىدىلا خەلق ئاممىسىنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ شۇنچە تېز ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى” پەقەتلا چۈشىنەلمەيدۇ. ئۇ كېسىپ ئېيتىدۇكى، “نۇرغۇن كىشىلەر ھېلىغىچە قارىشىنى تولۇق ئۆزگەرتەلمىگەن بولسىمۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھىتلېرغا بولغان قارىشى تۈپتىن ئۆزگەرگەن ئىدى. ھىتلېر بىر قانچە جۈملە سۆز بىلەنلا ئۇلارنى تولۇق ئۆزگەرتىپ ئۆزىگە قارىتىۋالغان ئىدى. بۇ كىشىلەر خۇددى ئالقىنىنى ئۆرىگەندەكلا تېز ئۆزگىرەلەيتتى. بۇ ئىشتا بىرەر ئەپسۇن باردەكلا بىلىنەتتى. ياكى راستىنلا بىرەر سىھىر بارمىدۇ؟ كەينىدىنلا ھەممە تەنتەنە ئىچىدە قەدەھ سوقۇشتۇرۇپ كېتىدۇ. بۇ سادا ئىچىدە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئاۋازى چۆكۈپلا كېتىدۇ.”
“كاھر، لوسسوۋ ۋە سېيسېر ئۈچىسى يان ئۆيدە. — دەيدۇ ھىتلېر سىلىق بىر شەكىلدە، — ئۇلار ھازىر قايسى يولنى تاللىساق بولار دەپ ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىشىۋاتىدۇ. مەن كىرىپ ئۇلاردىن، سىلەر ئۈچەيلەن خەلقنىڭ تەلىۋىنى قوللامسىلەر دەپ سوراپ باقايمۇ؟” دەپ زالدىكىلەردىن سورايدۇ. تۆۋەندە ھەممە بىردەك: “قوشۇلىمىز، شۇنداق سورا!” دەپ چۇقۇرشىدۇ.
“ئەركىن بىر گېرمانىيەگە، — دەيدۇ ھىتلېر ئالاھىدە قىزغىنلىق بىلەن، — ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرالايدىغان باۋارىيە چوقۇم سىغىپ كېتەلەيدۇ! مەن سىلەرگە شۇنداق دىيەلەيمەنكى، ئەگەر بىز بۈگۈن گېرمانىيە ئىنقىلابىنى قوزغىيالمىساق، ئەتە تاڭ يۇرىشى بىلەن تەڭ ھەممىمىز ئۆلگەن بولىمىز!” ھىتلېر خەلق ئاممىسىنى قولغا كىرگۈزىۋالغاچقا، دەرھال ياندىكى بۆلۈمگە كىرىپ ئۈچ نەپەر كاتتىۋاشنى چاقىرىپ چىقىدۇ.
ئەسلىدە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان ئادەم، ھىتلېرنىڭ مەرسەدېس ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ بۈرگېربراۋ پىۋىخانىسىغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. بۇ كىشى دەل گېنېرال لۇدېندورف ئىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ سادىق ئىزباسارى (ئۇ، قىزغىن قوزغىلاڭچىدىن بىرسى ئىدى) بىلەن بىرگە كېلىۋاتقان بولۇپ، يەنە شېۋبنېر رىچتېرمۇ كەينى ئورۇندا ئولتۇراتتى. گەرچە جاھاننى قۇيۇق تۇمان قاپلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ماشىنا يەنىلا ھەيران قالارلىق تېزلىكتە شەھەر ئىچىدىن چىقىپ كۆۋرۈكتىن ئۆتىدۇ. گېنېرال لۇدېندورفنىڭ پىۋىخانا ئىشىكى ئالدىدا كۆرىنىشى بىلەن تەڭ، پۈتۈن خەلق “خايىل!” دەپ ۋارقىراشقا باشلايدۇ. لۇدېندورف ئىشنىڭ بۇنچە چېكىدىن ئاشۇرىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي بولىۋاتقانلاردىن رازى بولماي سەل تۇرۇپ قالىدۇ. ھىتلېر دەرھال كۈتىۋېلىش بۆلۈمدىن چىقىپ لۇدېندورف بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىدۇ. ئۇ ئىككىسى قىسقىچە بىر نېمىلەر دېيىشىپ سۆزلىشىۋالغاندىن كېيىن، لۇدېندورف قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئۇچ كاتتىۋاشنى قايىل قىلىشقا ماقۇل بولۇپ بىرگە يان ئۆيگە كىرىدۇ.
گەرچە ھىتلېرنىڭ ئۆز ئالدىغا قوزغىغان بۇ ھەرىكىتىدىن لۇدېندورف نارازىدەك كۆرۈنسىمۇ ئۇ يەنىلا ئىككى نەپەر كەسىپدىشىگە ئۆزىنىڭ ئورنى بىلەن ئابرويىنى ئىشقا سالىدۇ. “شۇمۇ يېتەر ئەپەندىلەر. — دەيدۇ ئۇلارغا، — بىز بىلەن بىرلىشىڭلار. قېنى بۇنىڭ ئۈچۈن قول بېرىڭلار” دەپ قولىنى ئۇزارتىدۇ. ئۇنىڭغا ئەڭ ئاۋال قول بەرگىنى گېنېرال ئىدى.
لوسسوۋ قولىنى ئۇزارتىپ “ماقۇل ئەمىسە” دەيدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن پولكوۋنىكمۇ لۇدېندورفقا قولىنى ئۇزارتىدۇ. مەمورى ئەمەلدار بولغان كاھر ئەڭ ئاخىرى قايىل بولغانلاردىن ئىدى. ئەمما ئۇلار سەھنىگە كەلگىنىدە بىرىنچى بولۇپ نۇتۇق سۆزلىگەن كىشى يەنە شۇ كاھر ئىدى. ئۇ سەھنىدە قىلچە ھېسسىياتسىز تىك تۇرىدۇ. ئۇ يىغىندىكىلەرگە قاراپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان خان سۈپىتىدە باۋارىيە خاندانلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەيداندىكى بىر ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دېگەن ئوچۇق سۆزلىرىنى ئەسەبىلەرچە ئالقىش سادالىرىلا ئۈزۈپ تۇرغان.
ھىتلېر ئاممىنىڭ بۇنچە قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ ئىچ-ئىچىدىن خوشال ئىدى. ھىتلېر ھاياجانغا تولغان ھالدا “بۇندىن 5 يىل بۇرۇن، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ بالىنىسىدا ياتقان بىر قارغۇ ئىدىم. شۇ چاغدا مەن ئۆز ئۆزەمگە، نويابىر جىنايەتچىلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماي، بۈگۈنكىدەك خانىۋەيران قىلىۋېتىلگەن گېرمانىيە خارابىسى ئۈستىدە قۇدرەتلىك، ئەركىن ۋە باياشات بىر گېرمانىيە قۇرمىغىچە ھەرگىز يولۇمدىن قايتمايمەن دەپ قەسەم قىلغان ئىدىم. قارىغاندا، مەن بۇ قەسىمىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالايىدىغاندەك قىلىمەن” دەيدۇ.159
ئۇنىڭ كەينىدىن چىرايى تاتارغان ئەمما بەكلا ئېغىر بېسىق لۇدېندورف رەسمىي قىياپەتتە قىسقىلا بىر نۇتۇق سۆزلەيدۇ. بۇنىڭدىن پروفېسسور مۈللېرنىڭ ئالغان تەسىراتى، لۇدېندورف، “بۇ ئىش ئۆلۈم-كۆرۈم مەسىلىسى ياكى ساق قالغانلاردىن ئۆلىدىغانلار كۆپ بولىدىغان بىر مەسىلە” ئىكەنلىكىنى ئېنىق پەرق قىلالايدىغان ئادەم ئىكەن دېگەن تەسىراتقا كەلگەن. ھىتلېر ۋەزىيەتنى تولۇق تېزگىنلىۋالغاندىن كېيىن كەينى-كەينىدىن كۆتۈرۈلگەن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە كىشىلەر بىلەن بىر-بىرلەپ قول سىقىشىپ خوشلىشىدۇ. كىشىلەر بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە، بەلكىم ئىچكەن پىۋىنىڭمۇ كۈچى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇپ ئالالماي تەنتەنە قىلىشماقتا ئىدى. بۇ كىشىلەر سەل ئاۋالقى مەسخىرە قىلىپ تىللاشلىرىنى پاك پاكىزە ئۇنۇتقان ئىدى. زالدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ، «گېرمانىيە ھەممىدىن ئۈستۈن» مارشىنى ئېيتىشىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ھاياجاندىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۆز يېشى قىلىشىدۇ؛ ھەتتا بەزىلەر ھاياجاندىن ناخشىغىمۇ ئېغىزى كەلمەي قالىدۇ. ئەمما شىتات ساقچىسىنىڭ يېنىدا تۇرغان بىرسى كەينىگە ئۆرۈلۈپ: “بۇ يەردە پەقەت ساراڭلار دوختۇرىدىن بىرسىلا كام!” دېگىنى ئاڭلىنىدۇ.

4
ئىسار دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى لوۋېنبراۋ پىۋىخانىسىدىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك ھاياجان كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. پىۋىخانىنىڭ ئاساسلىق زالى ئىككى ئوركىستىر ئۈمىكىنىڭ ئورۇندىغان مۇزىكا ئاۋازىنىڭ پۈتۈن زالغا بىر كەلگىنىدىن باشقا بۇ زالغا يەنە 2 مىڭ نەپەر “پىدائىيلار باتالىئونى” نىڭ ئەزالىرى بىلەن ئېس-ئاچىلار لىق تولغان ئىدى. ئولتۇرغانلارنىڭ ئاز بىر قىسمىلا يۈزى تاتۇق كاپىتان رۆمنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرى بولسىمۇ رۆم يەنىلا كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان ئاساسلىق ئادەم ئىدى. ئۇ، “خەلقىمىز قىساس ئېلىشقا، ۋەتەن ساتقۇچلار بىلەن خەلقىمىزنى بۇلاڭ-تالاق قىلىپ يۈرگەن مەلئۇنلار ئۈستىدىن قىساس ئېلىشقا ئاتلىنىڭلار …” دەپ چاقىرىق قىلاتتى.
كەينىدىنلا كېسەل كارىۋىتىدىن سۆرەلگىنىچە قوپۇپ كەلگەن ئېسسېر سەھنىگە چىقىدۇ. پىلاندا ئاز-تۇلا ئۆزگىرىش بولغانلىقى ئۈچۈن، ھىتلېر بىلەن پۈتۈشكىنىدەك قولىدا بايراق كۆتۈرۈپ سەھنىگە ئېتىلىپ چىقمايدۇ، شۇنىڭدەك دەرھاللا ئىنقىلابنى ئېلان قىلىپمۇ كەتمەيدۇ. ئۇ، ھىتلېر قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ غەلىبە خەۋىرىنى كۈتمەكتە ئىدى.
ئاخشىمى سائەت 8 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، يەنى ئۇ نۇتۇق سۆزلەۋاتقىنىدا بۈرگېربراۋ پىۋىخانىسىدىن قىسقىلا بىر تېلېفون كېلىدۇ: “ئىشلارنى خاتىرجەم باشلات!” رۆم مەقسەتلىك ھالدا سەھنىگە چىقىپ ئېسسېرنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، كاھر ھاكىمىيىتى بىكار قىلىندى، ئادولف ھىتلېر مەملىكەت بويىچە ئىنقىلاب قوزغاشنى ئېلان قىلدى! دەپ ۋارقىرايدۇ. دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى شەپكىلىرىدىكى جۇمھۇرىيەت كاكارلىرىنى سۆكۈپ تاشلاپ ئۈستەل-ئورۇندۇقلار ئۈستىگە سەكرەپ چىققىنىچە ۋارقىرىشىپ تەنتەنە قىلىشىدۇ. ئېس-ئاچىلارمۇ بىر-بىرىنى تەبرىكلىشىپ قۇچاغلىشىپكېتىدۇ. ئوركىستېر دۆلەت گېمىنىنى ئورۇندايدۇ. تەنتەنە ئاۋازلىرى بېسىققاندىن كېيىن رۆم ئاممىنى بۈرگېربراۋ پىۋىخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا چاقىرىدۇ. كىشىلەر خۇددى زالغا ئوت كەتكەندەك بىر-بىرسى بىلەن بەسلەشكىنىچە پىۋىخانىدىن يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ رەتكە تىزىلىدۇ. ئەسكەرلەر ۋارقىرىشاتتى، خوشاللىقىدىن ھاياجانلىنىپ تەنتەنە قىلىشقىنىچە كوچىغا چىقىپ ئىسار دەرياسى تەرەپكە قاراپ ئاقماقتا ئىدى. بۇ ئارىدا ئۇدۇلىدىن بىر موتوسىكىلىت كېلىپ نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ ئالدىنى توسىۋالىدۇ. ئەسلىدە، بۇ موتوسىكىلىتلىق كىشى ھىتلېرنىڭ بۇيرۇقىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇيرقتا، رۇمنى قوشۇنغا يىتەكچىلىك قىلىپ ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، شۆنفېلد كوچىسىغا جايلاشقان گېنېرال ۋون لوسسوۋنىڭ قوماندانلىق شىتابىنى ئىگەللەش بۇيرۇق قىلىنغان؛ ئېس-ئاچىلار ئەترىتىدىكىلەرگە سانت ئەرنا مەيدانىغا بېرىپ چېركاۋنىڭ گەمە قەۋىتىگە يوشۇرۇپ قويۇلغان ئۈچ مىڭ تال مىلتىقنى ئېلىپ گيېسىڭدا پوزىتسىيە تۇتىشى كېرەكلىكى ئېيتىلغان ئىدى. شۇڭا، “ئوبېرلاند ئىتتىپاقى _ پىدائىلار ئىتتىپاقى” دىكىلەرلا بۈرگېربراۋ پىۋىخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ.
رۆمنىڭ قوشۇنى بىر مۇزىكا ئەترىتىنى ئالدىغا سېلىپ بريېنېر كوچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدا كىشىلەر يىغىلىپ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ تەنتەنە قىلىشدۇ. قىزغىن بىر ياش مىللەتچى ئىمپىرىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ قوشۇننىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ مەغرۇر قەدەملەر بىلەن قوشۇننىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ.160 ئۇ ھىتلېرغا ئەمەس بەلكى رۆم بىلەن ستراسسېر ئىككىسىگە بولغان ساداقىتى سەۋەبىدىن ئالدىغا چىقىۋالغان ئىدى. بۇ ياش ھېينرىخ ھىملېر دېگەن كىشى ئىدى. خوشاللىقىدىن يايراپ كەتكەن ئاممىنىڭ قىزغىنلىقى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھاياجانلاندۇراتتى. ئەسكەرلەر گويا بويسۇندۇرغۇچىلاردەك قىياپەت بىلەن كەڭ كەتكەن لۇدۋىگ كوچىسىدا ئالغا ئىلگىرلەپ ھەربى رايون بىناسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يېتىپ كېلىدۇ. رۆم قوشۇنغا يۈرۈشنى توختىتىش بۇيرۇقى بېرىپ ئۆزى بۇرۇن ئۇزۇن يىللار خىزمەت قىلغان بۇ بىناغا قاراپ ماڭىدۇ. دەرۋازىدا پوستا تۇرغان ئەسكەرلەر رۆمغا كەينىڭگە قايتمىساڭ ئوق چىقىرىمىز دەپ تەھدىت قىلىپ باققان بولسىمۇ رۆم بۇلارغا پەرۋامۇ قىلماي يولىنى داۋام قىلىدۇ. ئۇدۇل بىناغا كىرىپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى دۈژورنى ئوفىتسېرلىرى ئىشخانىسىغا كىرىدۇ. دىژورنى ئوفىتسېر مەن پەقەت قوزغۇلاڭچىلارغىلا بوي سۇنىمەن دەپ ۋەدە بېرىپ، قول ئاستىدىكىلەرگە بويرۇق قىلىپ بۇ قوزغىلاڭچىلارنى ئىچىگە كىرگۈزىدۇ. رۆم ئىشىككە پوس قويۇپ، پەنجىرىلەرگە پىلىموتلارنى تىكلىۋېتىدۇ. بىنا ئەتىراپىنىمۇ تىكەنلىك چېگرا سىملىرى بىلەن توسىۋېتىدۇ. ھەممە ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئاساسەن جايىغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى، ئەمما يالغۇز تېلېفون كوندوكتور ئۆيىلا ئىگەللەنمەيدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى، رۆم، بۇ بۆلۈمنى قوغداش ۋەزىپىسىگە دىژورنى ئوفىتسېرىنى بەلگىلەيدۇ. ئەمما بۇ ئوفىتسېر قىلچىمۇ ئىنقىلاپ ئېڭى بولمىغان بىرى ئىدى.
پىۋىخانىدا بولسا، ئېسسېر “خەلق دۈشمەنلىرى” نى يىغىشتۇرۇپ گۆرۆگە ئېلىۋالىدۇ. ئۇ، زالدا بىر ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ باش مىنىستىر كنىللىڭ، ساقچى باشلىقى مانتېل ھەمدە شاھزادە رۇپپرېچتنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەلدار ۋە ئوفىتسېرلارنىڭ ئىسمىنى بىر-بىرلەپ چاقىرىدۇ. سودىيە گۈرتېردىن باشقا ئىسمى ئاتالغان كىشىلەر خۇددى ئىنتىزامنى بۇزغان ئوقۇغۇچىدەك يوۋاشلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرىدۇ. ئۇ سودىيە ھۇلۇققىنىچە زالدىن قېچىپ چىققان بولسىمۇ بەرىبىر تۇتۇلۇپ بۇ يەرگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى. دەسلىۋىدە ئېسسېر ئۇلارنى بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى كىچىك بىر ئىشخانىغا سولىغان بولسىمۇ كېيىن يوقۇرىدىن ئېسسېرغا گۆرۆگە ئېلىنغان كىشىلەرنى ميۇنخېننىڭ جەنوبى تەرىپىدىكى تېگېرن كۆلى يېقىنىدىكى بىر ئۆيگە سولاپ  قاتتىق نازارەت ئاستىدا تۇتۇش بۇيرۇق قىلىنىدۇ. ھىتلېرنىڭ يېقىنلىرىدىن ھەممىسىنىڭلا ئۆز ئالدىغا ۋەزىپىلىرى بار ئىدى: ماكس ئامان، يەنى ھېلىقى پاكىنەك كەلگەن، بەكلا سۈرلۈك كوچا نوچىسى بىر قىسىم ئادەملىرى بىلەن بېرىپ قايسى بىر بانكا بىناسىنى ئىشغال قىلىپ يېڭى ھۆكۈمەت مەركىزى بىناسى قىلىشقا تەييار قىلىدۇ. شېۋبنېر رىچتېر، ئېسسېر ۋە خانفىستايىنگىل قاتارلىقلار ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ كوچىلاردا تەكشۈرۈشكە چىقىپ ئىنقىلابنىڭ ئەمىلىلىشىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. ئۇلار شەھەر ئىچىنىڭ بەكلا قالايماقانلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر خوشال بولغان بولسا، يەنە نۇرغۇنلىرى نېمە ئىش بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ يۈرۈشەتتى. يەنە بەزىلەر غەزەپلىنىپ ۋارقىراپ جارقىرىشاتتى. بۈرگېربراۋ پىۋىخانىسىدىن تىنماي بىر-بىرسىگە زىت بۇيرۇقلار كېلىپ تۇرغاچقا، ھەركەتكە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئىچىدىمۇ ئىنتايىن ئاز كىشىدىن باشقىلار نېمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىدىن پەقەتلا خەۋىرى يوق ئىدى.
ميۇنخېن باش ساقچى ئىدارە باشلىقى بولغان فرىك دېگەن كىشى بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنىڭ دەسلىۋىدە ئوڭۇشلۇق بولىشىغا سەۋەپچى بولغان ئاساسلىق كىشى ئىدى. ئۇ، دىژورنىلىق قىلىۋاتقان ساقچىنى قوزغىلاڭچى قىسىملارغا قايتارما ھۇجۇم قىلماسلىققا قايىل قىلىپ ئۆزى تېلېفون يېنىدىن ئايرىلماي تىنماي تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئۇقۇشقا تىرىشقان، نېمە ئىش بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي قايمۇقۇپ يۈرگەن ساقچىلارنى ئېغىر بېسىق بولىشىنى، ۋەزىيەتنى كۈزىتىپ ھەركەت قىلماي ساقلىشىنى تاپىلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ساقچى ئىدارە باشلىقى پۆھنېر ساقچى ئىدارىسىغا كېلىپ قۇراللىق ھەرىكەت قىلمايلا ساقچى ئىدارىسىنى تارتىپ ئالىدۇ. ئۇ، بىرىنچى بولۇپ ھەر قايسى ماركسىزمچى ئاساسلىق گېزىت مۇخپىرلىرىنى يىغىپ مۇخپىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.
ساقچى تەرەپ تېزگىنلىنىپ بولغاچقا، رۆم يەنە ھەربى رايون قوماندانلىق شىتاۋىنىمۇ ئىشغال قىلىۋالىدۇ. بېگبراۋ پىۋىخانىسىدا تۇرىۋاتقان ھىتلېر بەكلا خوشال ئىدى. كېيىن، قۇرۇلۇش ئەسكەرلەر گازارمىسى تەرەپتىن كەلگەن دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە قوزغىلاڭچىلار قىسىملىرى بىلەن قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى ئوتتۇرسىدىكى تالاش-تارتىشلا بېسىقمىغان. ھىتلېر دەرھال تۇرىۋاتقان قوماندانلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ ئۇ يەرگە بېرىپ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولىدۇ. بۇ قارار، ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر خاتا قارار ئىدى. ئۇنىڭ يەنە بىر تاكتىكا خاتالىقى: گېنېرال لۇدېندورفقا قوزغىلاڭنىڭ قوماندانلىقىنى تاپشۇرۇشى ئىدى.161 ھىتلېر بۇ يەردىن ئايرىلىشى بىلەن تەڭ، گېنېرال ۋون لوسسوۋ لۇدېندورفقا دەرھال ئىشخانامغا قايتىپ بۇيرۇق چۈشەرمىسەم بولمايدۇ دەيدۇ. لۇدېندورفمۇ بۇ تەلەپنى ئورۇنلۇق دەپ قاراپ ئۇنىڭ پىۋىخانىدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن كاھر بىلەن سېيسېر ئىككىسىمۇ بىرگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ھىتلېر ھەربى گازارما دەرۋازىسىغا كېلەر-كەلمەي ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ھېچ قايسىسىغا گېپىنى ئۆتكۈزەلمەي قوغلىنىدۇ. ئارىدىن بىر سائەتتەك ۋاقىت ئۆتكەندە ئامالسىز پىۋىخانىغا قايتىپ كېلىۋالىدۇ. پىۋىخانىغا كېلىپلا ئۈچ كاتىۋاشنى بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشىگە يول قويۇلغانلىقىدىنمۇ خەۋەر تاپىدۇ.
بۇنىڭدىن بەكلا ھەيران قالغان ھىتلېر، نېمىشكە ئۇلارنىڭ قېچىپ كېتىشىگە يول قويدىڭىز، لوسسوۋ ئىنقىلابقا بۇزغۇنچىلىق سالسا قانداق قىلىمىز دەپ لۇدېندورفقا بىر مۇنچە خاپا بولىدۇ. لۇدېندورف بۇ سابىق ئون بېشىغا تەئەججۈپ بىلەن بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن دەيدۇ: “بىر نېمىس ئوفىتسېرى ھەرگىز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ!”
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دا، مىڭ كىشىلىك زور قوشۇننىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ ھىتلېرنىڭ روھى قايتىدىن كۆتۈرۈپ ھاياجان ئىچىگە چۆمىدۇ. بۇ كەلگەنلەر پىيادىلار مەكتىۋىدىن كەلگەن ياردەمچى ئەسكەرلىرى بولۇپ، تاللانغان ھەربى ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ئەسلىدە، ئەركىن پولكنىڭ كونا ئەسكىرى لېتىنانت گېرھالدېر روسباخمۇ بۇ ئەسكەرلەرنى باشلاپ ئومۇمىي يۈزلۈك قوزغىلاڭغا قېتىلىشقا ماقۇل كەلتۈرۈلگەن ئىدى (بەكلا ئاز كىشى ئۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ). بۇ ياش ئوفىتسېرلار ئۆز قۇماندانلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ روسباخنىڭ (بۇ ئادەممۇ خۇددى رۆمغا ئوخشاش بەچچىۋاز ھەمدە بىر جىدەلخور ئىدى)  يىتەكچىلىك قىلىشىنى قوبۇل قىلىشقان ئىدى. ئۇلار بىلەكلىرىدە كرىست بەلگىلىك يەڭلىك، قوللىرىدا ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ بايرىقى، ئىنتايىن خوشال داقا-دۇمباق، ناغرا-سۇنايلىرىنى چالغىنىچە رەسمى قەدەملەر بىلەن مېڭىپ پىۋىخانىغا يېتىپ كېلىدۇ. ئۇلار پىۋىخانىغا كېلىپ دىققەتتە تۇرۇپ ھەربى مۇلازىمەتلەر گېنېرالى لۇدېندورف بىلەن ئون بېشى ھىتلېر تەرىپىدىن پارات قوبۇل قىلىنىدۇ. كەينىدىن، تەييارلىق ئوفىتسېرلىرى كومىتېت ئەزاسى كاھرنىڭ ئىشخانا بىناسىنى ئىگەللەش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. قوزغىلاڭچى قىسىمنىڭ يېتەكچىلىرى بولسا ماشىنىلىق رومنىڭ قۇماندانلىق شىتابى بولغا ھەربى رايون قوماندانلىق شىتابىغا، يەنى ۋون لوسسوۋنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ئىنقىلابنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات يۈزلۈنىشى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشىدۇ. يۇمشاق كىرىسلوۋ ئىچىگە ئەپلىشىپ ئولتۇرىۋالغان لۇدېندورف، دەرھال تېلېفون قىلىپ لوسسوۋ ياكى سېيسېر ئىككىسىدىن بىرىنى تېپىپ كېلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. نەچچە قېتىملاپ تېلېفون قىلىنغان بولسىمۇ ئۇلاردىن ھېچ قايسى ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. شېۋبنېر رىچتېر، بۇ ئىشلار باشقا بىر تۈس ئېلىۋاتامدۇ قانداق؟ دەيدۇ. لوسسوۋ، مەن ئىشخانامغا بېرىم بۇيرۇق چۈشىرىشىم كېرەك دېمىگەنمىدى؟ ئۇ ھازىر نەدە؟ كاھر بىلەن سېيسېر ئىككىسىچۇ؟ لۇدېندورف، بۇ ئۈچ نەپەر كاتتىۋاش ئەپەندىلەر پۈتۈن خەلق ئالدىدا قەسەم بەرگەن، گېپىدىن يېنىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ يەنە بىر قېتىم ئىتىراز بىلدۈرىدۇ.
بۇ چاغدا، باۋارىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى مايور ماكس شۋاندنېر جىددىي قەدەملەر بىلەن مېڭىپ بىناغا كىرىپ كېلىدۇ. ئەسلىدە، ئۇمۇ قوزغىلاڭ ھەققىدىكى كوچا خەۋەرلىرىنى ئاڭلىغان بولۇپ، دىژورنى ئوفىتسېرىنى ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلگەن ئىدى. نۆۋەتچى ئوفىتسېر ئۇنىڭغا “بۇ ئىشلار بەكلا پاسكىنا، بەكلا گۇمانلىق ئىشلاردەك قىلىدۇ” دەيدۇ. “مەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىمدا، — دەيدۇ شىۋاندنېر كېيىنكى ئەسلىمىسىدە، — كونا ھەربى فورما كەيگەن، مەيدىسىگە پۈتۈن مېداللىرىنى ئاسقان رۆم ئىشخانىغا قۇيۇندەك كىرىپ ھاسىرىغىنىچە: لوسسوۋ نەگە كەتتى؟ دەپ سورايدۇ. مەن ئۇنىڭغا: بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ تۈنۈگۈن لوسسوۋ بىلەن تۈزۈشكەن كىلىشىم پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ بىر ھەرىكەت دەپ دەرھال جاۋاب بەردىم. رۆم سەمىمىلىك بىلىنىپ تۇرغان بىر ئاۋازدا غەم قىلما، پۈتۈن ئىشلار جايىدا كېتىۋاتىدۇ دەيدۇ. ۋون لوسسوۋ، كاھر ۋە ۋون سېيسېرلەر بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە قوشۇلغان، ھەمدە ھەربى رايونغا بېرىپ ھىتلېر بىلەن بىر يەرگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان دەيدۇ. مەنمۇ، ئۇنداقتا بۇ باشقا بىر گەپ ئىكەن دېدىم.”
رۆم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، نۆۋەتچى ئوفىتسېر شۋاندنېرنى يېنىغا ئىشارەت قىلىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا:162 “قوزغىلاڭ سۇغا چىلاشتى. — دەپ پىچىرلايدۇ، — لوسسوۋ بىلەن سېيسېر باۋارىيە ئارمىيىسى كوماندىرلىرى بىلەن بىرلىكتە 19-پىيادىلەر پولكىدا، ئۇلار بۇ يەرگە كېلىشى ناتايىن.” بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، تا ھازىرغىچە تېزگىنگە ئېلىنمىغان تېلېفون جىرىڭلاپ، كوندوكتور، لوسسوۋنىڭ يېڭى قوماندانلىق شىتابى (19-پولك مەركىزى شىتاب بىناسىدىن) دىن ئاچقان تېلېفونىنى ئۇلاپ بېرىدۇ. تېلېفوندا، لوسسوۋ ئۆزى يېقىندىلا قوللايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قايتارما ھۇجۇم  قىلىش بويرۇقىنى بېرىدۇ. شۇنىڭدەك ئاۋگۇسبۇرگ، ئېنگولستادت، رېگېنسبۇرگ، لاندشۇت ۋە ئەتراپىدىكى سادىق قىسىملارنىڭ ھەر قايسى باتالىيونلىرىنى دەرھال پويىزلىق يولغا چىقىپ ميۇنخېنغا يېتىپ كېلىشى ھەققىدە بۇيرۇق بېرىدۇ. شىۋاندنېر تېلېفون ئارقىلىق شۇ ھامان ترانسىپورتقا مەسئۇل ئوفىتسېرنى تېپىپ لوسسوۋنىڭ بۇيرۇقىنى يەتكۈزىدۇ، ھەمدە قالغان قىسىملارغىمۇ ئۆزى بىۋاستە تېلېفوندا خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ بۆلۈمدە قوزغىلاڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى پىلانلىنىۋاتقان بولسا، ياندىكى بۆلۈمدە قوزغىلاڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۈيىقەستى ئىشلەنمەكتە ئىدى. يېرىم كېچە بولغاندىلا سۈيىقەستچىلەر تېلېفون مەركىزىدىكى سىم يوللىرىنى پەقەتلا قوزغىلاڭچىلار ئىشخانىسىغا باغلاش كېرەكلىكىنى خىيالىغا كەلتۈرۈشىدۇ. ئەمما بۇ چاغدا لوسسوۋنىڭ باستۇرۇش ھەققىدىكى بۇيرۇقلىرى تېلېفوندا ئاللىمۇقاچان تەرەپ-تەرەپكە يەتكۈزۈپ بولۇنغان ئىدى.

ھەربى قىسىملاركوچىلاردا ئۇياقتىن بۇياققا يۆتكۈلۈپ تۇرغان، بارابانچىلىرىمۇ مۇزىكىلىرىنى چېلىپ داغ-دۇغا قىلىشىۋاتقان بولىشىغا قارىماي كۆپ سانلىق ميۇنخېنلىقلار بۇ شەھەردە يەنە بىر قېتىم ئىنقىلاب پارتلايدىغانلىقىدىن قىلچە خەۋىرى يوق ئىدى. فۈھرېرنىڭ ئەڭ يېقىن سەپداشلىرىدىن بىرى بولغان ھېينرىخ خوفمان، فلېدېرماۋسباردىكى پىۋىخانىدا پەۋقۇلئاددە بىر ۋەقە رەسمى يۈز بېرىشكە باشلىغانلىقىدىن قىلچە خەۋەرى يوق، يېرىم كېچىدىلا ئاندىن ئىنقىلاب بولىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. بۇ چاغدا، ھاياجان ئىچىدىكى توپ-توپ ياشلار ئاۋات شەھەر كوچىلىرىدىكى مېھمان كۈتۈشلەردە ئولتۇرۇش تۈزىشىپ يەپ-ئىچىپ غەلىبىنى تەبرىكلەشمەكتە ئىدى. ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا كونسۇل روبېرت مۇرفى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىگە ئىۋەرتمەكچى بولغان تېلېگراممىسىنىڭ ئارگىنالىنى تەييارلاش بىلەن مەشغۇل ئىدى:
… ھىتلېرنىڭ ئېيتقىنىغا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى بېرلىنغا يۈرۈش قىلىش بولۇپ، سائەت 12 دە ھۇجۇمغا ئۆتمەكچىكەن. ھىتلېر، تاڭ يۇرىغىچە يا يېڭى خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان بولىدۇ ياكى ئۆلگەن بولىمىز دېدى. … (مۇرفى تېخى مەخپى شىفىر بىلەن تېلېگراممىسىنى ئېۋەرتىشنى تەستىقلىماي تۇرۇپلا ھىتلېر بىلەن ئۆزى بىۋاستە كۆرۈشۈش تەلىۋىدە بولىدۇ. “بىر قانچە سائەتلىك تالاش-تارتىشتىن كېيىن ئاخىرى سەھەر سائەت 3 بولغاندا ھىتلېر بىلەن كۆرۈشەلىدىم. ئۇ ماڭا ئىنتايىن خاتىرجەم ھالدا تېلېگرامماڭنى ئېۋەرتسەڭ بولمايدۇ دەيدۇ. ئۇ چاغدا مەنمۇ ئۇنىڭغا نارازىلىقىمنى بىلدۈرگەن بولساممۇ، بۇ بىر رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا دەپ قويۇلغان گەپ ئىدى. چۇنكى مەن بۇ تېلېگراممامنى يوللاش ئۈچۈن شتۇتگارتقا مەخسۇس ئادەم ئىۋەرتىۋەتكەن ئىدىم.” — ئا. ھ. ئى)
ئۇ يەردىكى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن ھايداپ كېلىنىپ گۆرۆگە تۇتۇلىۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ كېچە ھەقىقەتەنمۇ ۋەھىمىلىك بىر كېچە بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ فامىلىسى يەھۇدىي ئىسمىغا ئوخشاپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن (ئادرىسلىرىنى تېلېفون نومۇر دەپتىرىدىن تېپىشقان)، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەرنىڭ زىيارەت قىلىنىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ھەربىلەرنىڭ بىر ئەترىتى «ميۇنخېن ۋاقتى» گېزىتخانىسىغا (سوتسىيالىستلارغا مەنسۈپ بىر گېزىت) بېسىپ كىرىپ باسما ماشىنىلىرىنى قارا-قويۇق ئۇرۇپ چېقىپ تاشلايدۇ. ھىتلېر بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، بۇ باسما ماشىنىلىرى بىزنىڭ ئىشىمىزغا كېرەكلىك! دېگىنىچە قاتتىق ئاچچىقلىنىپ بۇنداق ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىش كېرەك دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ.
روشەنكى، ھەربى رايوندا ئۈچ كاتىۋاشنىڭ گېپىدىدىن يېنىۋالغانلىقى ئېنىق ئوتتۇردا ئىدى (ئۇلار ئۈچىسىلا بەرگەن قەسىمىنىڭ تەھدىت ئاستىدا بېرىلگەن بىر ۋەدە ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتىغاندەك قىلاتتى)، ۋەزىيەت ھەقىقەتەنمۇ تېزگىندىن چىقىپ كەتكەن ئىدى. شېۋبنېر-رىچتېر خىزمەتچىسى ئايگنېرنى يېنىغا ئېلىپ سېيسېرنى ئىزدەپ يولغا چىققان بولسىمۇ ئۇنى تاپالماي قايتىپ كېلىدۇ.163 قايتىپ كەلگىنىدە، ھىتلېرنىڭ “روھى چۈشكەن” ھالدا ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.
ئايگنېرغا روزېنبېرگنى ئېلىپ قايسى بىر باسمىخانىغا بېرىپ مۇھىم كىشىلەر بىرلىكتە قول قويۇپ تەييارلىغان يېڭى ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشىنى بېسىپ چىقىرىشىنى بۇيرۇيدۇ. روزېنبېرگ بۇ ئىشنى پۈتكۈزۈپ، ئەتىسى گېزىتكە ئۈلگۈرتىشى زۆرۈر بولغان باشماقالىسىنى تەييارلاش ئۈچۈن «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتىگە بارىدۇ. ئۇ يەردە تەييارلىغان «گېرمانىيە خەلقىگە چاقىرىق» دېگەن باش ماقالىسىدا، خەلققە ئېبېرت ۋە باشقا سوتسىيال دېموگراتلار پارتىيىسىدىكىلەرنى “مەيلى ئۆلۈكى ياكى تىرىكى بولسۇن” ھەممىسىنى “مەملىكەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇش” تەلىبى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى.
ئايگنېر ھەربى رايون قوماندانلىق شىتاۋىغا قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن، خوجايىنى ئۇنى دەرھال ئۆيگە بېرىپ شامپانىسكى ۋە يىگىدەك بىر نەرسىلەر ئېلىپ كېلىشكە يولغا سالىدۇ. ئۆيگە بېرىپ ئايالى شېۋبنېر-رىچتېر خانىمغا “ھەممە ئىشلار يولىدا كېتىۋاتىدۇ، ئەنسىرىمىسۇن” دەپ ئېيتىپ قويۇشنىمۇ تاپىلايدۇ. ئەمما ۋەزىيەت يامانلىشىشقا باشلىغان ئىدى. رۆم ئاخىرى ياندىكى بۆلۈمدىن گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ-دە، كىرىپ دىژورنىلىق قىلىۋاتقان ئوفىتسېرنى قولغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە بىنادىكى بارلىق ئوفىتسېرلارنى قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ. ئەمما ھىلىمىكىرچى مايور شۋاندنېر ميۇنخېنغا ئەسكەر يۆتكەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ قايتىپ كىرگىنىدە بىر مەمورى كادىر تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. شۇڭا ئۇ، ھەربى ھالەت يولغا قويۇلۇپ بىنا مۇھاسىرىگە ئېلىنىشتىن ئاۋال غىپلا قىلىپ بىنادىن چىقىپ قۇتۇلىۋالىدۇ.
دېپوتات ۋون كاھرنىڭ ئىشخانىسىدا قوزغىلاڭچىلار قىسىمىنىڭ ھەرىكەت ئىشلىرىمۇ دېگىندەك ئوڭۇشلۇق ئەمەس ئىدى. كاھر پىۋىخانىدىن قېچىپ قۇتۇلغىنىدىن كېيىن ئىشخانا بىناسىغا كېلىپ ئۇ يەردە قوزغىلاڭنى يىمىرىپ تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ. ئۇ، بۇ يەردىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشكە قەتئىي ئۇرۇنمايدۇ (چۇنكى ئۇ تېخى يېڭىلا غەزەپلەنگەن شاھزادە رۇپرېچتنىڭ “ھەر قانداق بەدەل تەلەپ قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ قېتىمقى ھەرىكەت باستۇرۇپ تاشلانسۇن، زۆرۈر تېپىلغاندا قۇراللىق باستۇرۇلسۇن” دېگەن بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى). ئەكسىچە لېيتىنانت روسباچ بىلەن نەچچە مىڭ پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىبىنىڭ ئوفىتسېر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توختىماي تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇشلىرىغا قارىماي بىنانىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىغىمۇ ياردەم قىلىدۇ. ئەسلىدە ئىنقىلابى قوشۇن لۇدېندورفنىڭ “ھەرقانچە چىقىم كەتسىمۇ بىنانى ئىگەللەش كېرەك” دېگەن بۇيرۇقىنى جايىغا كەلتۈرۈپ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۇ ھەربى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئاۋال قارشى تەرەپ ھۇجۇمغا ئۆتسۇن دەپ بىر-بىرسىگە خىرىس قىلغىنىچە قاراپ تۇرىشاتتى. ئەمما ھەر ئىككىلا تەرەپ قان تۆكۈلۈشنى خالىمايتتى. ھەربى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ساقچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشنى خالىمايدۇ. ھەتتا بەكلا كۆپ ساقچى خۇددى ھەربىي مەكتەپ ئوفىتسېرلىرىغا ئوخشاش ھىتلېرغا ئىشىنىدىغانلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۇلار پات-پاتلا سۇلىھ ئۈچۈن سۆھبەت قىلىشاتتى. كېيىن، ھەرىكەت قوللىنىش تەرەپتارى بولغان روسباچ بۇ ئەھۋالغا چىداپ تۇرالماي ئوفىتسېر ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ ۋارقىرايدۇ: “قانداقگەپ بۇ؟ سىلەر يەنىلا سۆھبەت قىلىپ ئولتاردىڭلارمۇ؟ سىلەر لۇدېندورفنىڭ بەرگەن بۇيرۇقىدىن خەۋىرىڭلار يوقمىدى؟ يەنە نېمىشكە ھەرىكەت قىلماي قاراپ تۇرىسىلەر؟ قىسىملارغا ئوق چىقىرىش ئۈچۈن بۇيرۇق قىلىنسۇن!”
ئاخىرى، ھەربى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پوزىتسىيە ئالىدۇ، ھۇجۇمچىلار ئەترىتىمۇ يېرىم ياي شەكلىدە سەپ تۈزىشىدۇ. ئۇلار پىلىموتچىلار ئەترىتىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئالغا قاراپ سىلجىيدۇ. بۇ چاغدا ساقچى تەرەپ، ئۈچ نەپەر ئىسيانچى ئەسكەر بىناغا كىرسۇن، مۇزاكىرە قىلىشايلى دەپ تەلەپ قىلىدۇ. ھەربى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما ئەگەر ئۈچ نەپەر ۋەكىلىمىز ئون مىنۇت ئىچىدە بىنادىن قايتىپ چىقمايدىكەن ھۇجۇمغا ئۆتىمىز دەپ شەرت قويىدۇ. ئون مىنۇت تولىدۇ. ھەربى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھۇجۇمغا تەييار تۇرغىنىدا تۇيۇقسىز “بارلىق روتىلار چېكىندۈرۈلسۇن!” دېگەن بۇيرۇق كېلىدۇ.164
شۇنداق قىلىپ ئوقۇغۇچى ئەسكەرلەر دەرھال كەينىگە چېكىنىپ قورشاۋنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. بۇيرۇقلارنىڭ تۇتامسىزلىقى سەۋەبىدىن ئەسلىدە غەلىبە قىلىش ئىمكانىيىتى بار بىر جەڭ مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋىبى، ھىتلېرنىڭ قوشۇنىدىكىلەر ئەسلىدە ئۆز تەرىپىگە ئۆتۈپ بولغان ساقچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشنى بەك خالىمىغانلىقى ئىدى. ئوقۇغۇچىلار قىسىمىنىڭ شۇنچە قىلغان ھەرىكىتى، كاھرنى بىر قانچە سائەتلىك قورشاۋدا تۇتۇش رولىنىلا ئوينىيالىغان بولدى، خالاس. شۇڭا، ئوقۇغۇچى ئەسكەرلەر چېكىنىپ كېتىشى ھامان كاھرمۇ بىنادىن قۇتۇلۇپ چىقىپ 19-پولك ئورنىغا بېرىپ لوسسوۋ ۋە سېيسېرلار بىلەن بىرلىشىۋالىدۇ.
ھەربى رايون قوماندانلىق شىتاۋىدىكىلەر قورشاۋدىن قۇتۇلىۋالغىنىدىن كېيىن گېنېرال ۋون لوسسوۋ سەھەر سائەت 3 كە 5 مىنۇت قالغاندا ئەسلىدىكى ئاز بولسىمۇ ئۈمىدلەندۈرۈپ كەلگەن ئۈچ كاتىۋاش قوزغىلاڭغا ئاشكارە قارشى چىقمايدۇ دەيدىغان ئۈمىدلەرنىمۇ يوققا چىقىرىدىغان “گېرمانىيىدىكى بارلىق رادىئو ئىستانسىلىرى” دا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلىدۇ:
تېلېگرامما ئۇقتۇرۇشى مۇنداق ئىدى:
شىتات دېپوتاتى ۋون كاھر، پولكوۋنىك ۋون سېيسېر ۋە گېنېرال ۋون لوسسوۋلار ھىتلېر قوزغىغان قوزغىلاڭنى تارمار كەلتۈردى. قۇرال تەڭلەپ تۇرۇپ تەھدىت قىلىش ئاستىدا مەجبۇرى ئېلان قىلىنغان ئىنقىلاپنى قوللاش ۋەدىمىز شۇنىڭ بىلەن بىكار قىلىندى. يوقۇرىدا ئىسمى ئاتالغان كىشىلەر ھەققىدىكى خاتا قاراشلارغا ئېتىۋار قىلىنمىسۇن.        
                                                 — ۋون لوسسوۋ
19-پىيادىلار پولكى شىتابىدا كاھر ئۆزىنى كرىسلوغا تاشلاپ راھەت ئولتۇرغىنىچە پۈتۈن شەھەر ئىچىگە چاپلىنىدىغان ئېلان تېزىسىنى يېزىشقا كىرىشىدۇ. ئۇ ئاخىرى ھەممىنى قايىل قىلغىدەك ئۇقتۇرۇشتىن بىرنى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئالدامچىلىق، گېرمانىيىنىڭ ئۇيغۇنۇشىنى كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان بىر زوراۋانلىققا ئايلاندۇردى. “ئەگەر قاراملارچە خائىنلىق ئۆز مەقسىدىگە يېتەلىسە ئىدى، باۋارىيە گېرمانىيە بىلەن بىرگە چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتىرىلگەن بولاتتى.” شۇڭا ئۇ، ناتسىستلار پارتىيىسى بىلەن باشقا ئوڭچىل تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقى چىقىرىدۇ. ئۇ يەنە قوزغىلاڭنىڭ مەسئۇللىرىنى “قىلچە رەھىم قىلماي تېگىشلىك جازاغا تارتىلسۇن” دەيدۇ. ۋەكىل كاھر ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ كېچە بەكلا ئۇزۇن ۋە قورقۇنۇشلۇق كېچە بولغان ئىدى.
سەھەر سائەت بەش بولغاندىلا ئاندىن بۇ ئۈچ كاتىۋاشنىڭ قوزغىلاڭنى باستۇرىدىغانلىق خەۋەرى توغرىلىنىپ دەرھال ھەربى رايون قوماندانلىق شىتاۋىغا يەتكۈزىلىدۇ. بۇ خەۋەرنى، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان پىيادىلار مەكتىۋى قۇماندانى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا ھىتلېرغا: ئۈچ كاتىۋاش ۋەدىسىدە تۇرمىدى، چۇنكى ئۇلار بۇ ۋەدىنىڭ قۇرال تەڭلەپ مەجبۇرىلانغانلىقىدىن بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. گېنېرال ۋون لوسسوۋ قوزغىلاڭنى قۇراللىق باستۇرماقچى بولىۋاتقان ئىدى. ئەگەر ھىتلېر ئۇلارنىڭ شۇنچە ئاسان ۋەدە بەرگەنلىكىگە راستىنلا ھەيران قالغان بولسىمۇ بۇنى چىرايىدا ئىپادىلىمەيدۇ. ئۇ ھەمرالىرىغا ئۇزۇن بىر نۇتۇق سۆزلەيدۇ. گېپىنىڭ ئاخىرىدا، ئەگەر لازىم بولسا ئاخىرغىچە جەڭ قىلىپ غايىمىز بىلەن بىرگە قۇربان بولۇشقا تەييارمەن دەپ ئېلان قىلىدۇ. ھىتلېر، لۇدېندورفنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن شېۋبنېر رىچتېرقا خىزمەتچىڭنى ئېلىپ (ئۇنىڭ خىزمەتچىسىمۇ شامپانىسكى بىلەن يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ قايتىپ كەلگەن ئىدى) ئۇزلىرى تەيىنلىگەن يېڭى باش مىنىستىر پۆھنېرنى تېپىپ، ئۇنى “ئوبېرلاند” قىسىمىدىن بىرنى ئېلىپ باش ساقچى ئىدارىسىنى ئىشغال قىلىشىغاا بويرۇق قىل دەيدۇ. پۆھنېر ئىنتايىن خوشال ھالدا تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ يېقىنلىرى بىلەنلا باش ساقچى ئىدارىسىغا بېسىپ كىرىدۇ. ئۇلار ئاساسلىق ئىش بىجىرگۈچى مايورنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلگىنىدە ھەيران بولۇپ قېتىپلا قالىدۇ. ئۇلار قولغا ئېلىنغان ئىدى (بۇ خۇددى تۇيۇقسىز بېشىغا كالتەك يېگەندەكلا بىر ئىش ئىدى). پۆھنېرنىڭ بۇرۇنقى ياردەمچىسى بولغان فرىك ئاللىقاچان قولغا ئېلىنىپ باغلىۋېتىلگەن ئىدى.
ھىتلېر، بۇ چاغدا لۇدېندورف ۋە قالغان ياردەمچىلىرى بىرلىكتە پىۋىخانىغا قايتىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ھەربى رايون قوماندانلىق بىناسىنى ساقلاشقا يالغۇز رۆم بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملىرىنىلا قويۇپ كېتىشىدۇ. ھىتلېر بۇ جەرياندا خېلىلا ئۈمىدسىز ئەھۋالدا قالغان بولسىمۇ يەنىلا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىن يانمىغان ئىدى. “ئەگەر مەۋەپپەقىيەت قازىنالىساق بەك ياخشى ئىش بولىدۇ. — دەيدۇ ئۇ ئىچىنى تىڭشىغان ھالدا، — بولمىسا بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز دارغا ئاسقان بولىمىز.”165 ئۇ چاغدا، تېخى تاڭ يۇرىمىغان ئىدى. ھىتلېر، پوزىتسىيىنى ئىشغال قىلالمىغان قوزغىلاڭچىلارغا پىۋىخانىغا بېرىپ يىغىلىش بۇيرۇقىنى بېرىدۇ. قىسىملار تۆت ئەتراپتىن بۈرگېربراۋ پىۋىخانىسىغا كىرىۋاتقىنىدا قار ئارىلاش يامغۇر يېغىشقا باشلاپ قاتتىق سوغۇق بولۇپ كېتىدۇ. ئەسكەرلەر ئىشلار ئوڭىدا ماڭمىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان بولسىمۇ نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئېنىق بىلەلمىگەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، ھېچ بولمىغاندا بىر ئەتىرەت ئېس_ئاچىلار ئېكارت يازغان «ستۇرملىيت» ناخشىسىنى ئېيتىشقا باشلايدۇ:
“ئويغۇنايلى گېرمانىيە! بويۇنتۇرۇقتىن قۇتۇلايلى نېمىسلار!”

5
تاڭ يۇرۇيدۇ. ئەمما ھەممە ئەتراپ تۇمانلىق ۋە ھۆل سوغۇق ئىدى. سۈڭەكتىن ئۆتكىدەك سوغۇق قار ئارىلاش يامغۇر ئارىلاپ يېغىپ تۇراتتى. قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا چىرايى تۇتۇق ئىدى؛ بۈرگېربراۋ پىۋىخانا زالى تاماكا ئىسىغا تولغان ئىس-تۈتەكلىك ھەمدە بەكلا نەم ئىدى. ئەسكەرلەر يۈزىنىمۇ يۇمىغان، ساقاللىرىنىمۇ قىرمىغان ھالدا قەھۋە، ئىرىمچىك-پەينىر ۋە بولكىلار بىلەن ناشتا قىلىشتى. تۈنۈگۈنكى ھاياجان، خۇشاللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. بىرسى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۈچ كاتىۋاش ئىنقىلابنى ئاشكارە قارىلىماقتا، قۇرۇغلۇق ئارمىيىمۇ قوزغىلاڭغا قېتىلمايدىغان بوپتۇ دەپ ئۇختۇردى. يەنە بىرسى سەھنىگە، يەنى كىشىنىڭ زىھنىدە قالغان بۇ كومىدىيىلىك ۋەقە ئوينالغان سەھنىگە چىقىپ، بۇرجۇئازىيە بىلەن گېنېراللارنى ۋەتەن خائىنى دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئەيىپلەيدۇ. ئۇ ئاخىرىدا “بېرلىنغا يۈرۈش قىلايلى!” دەپ شۇئار توۋلايدۇ. زال ئىچىدە ئۇ يەردىن-بۇ يەردىن ئالقىشلاپ چاۋاق چېلىندى. ھىتلېرنىڭ ئادۋوكاتى خانس فرانك، “بۇ پىكىر ھەقىقەتەنمۇ بەكلا رومانتىك، قىلچىمۇ سىياسىلىكى بولمىغان بىر تەكلىپ بولدى” دەپ ئويلايدۇ.
قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسىلا ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بىر مەخپى ئۆيگە كىرىۋالغان ئىدى. لۇدېندورفنىڭ “يۈزىدە قىلچىمۇ ھېسسىيات يوق، خۇددى بىر تىك قىيادەك تىكلىنىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ قىياپىتى ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىدى.” ئۇ بىر تەرەپتىن ئۈزۈم شارابىنى يۇتۇملىغاچ ناشتا قىلىدۇ. بۇ گېنېرال ئۇچىسىغا كونا بىر ئاتىش كىيىمى سوكنىي كاژانكا كىيىۋالغان بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. ئەمما ئۇ لوسسوۋنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقىپ قارىلىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭمۇ ئۈمىدى قالمايدۇ. “بۇندىن كېيىن مەن گېرمانىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ گېپىگە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن!” دەپ ۋارقىرىغاندىن كېيىن ئۈنمۇ چىقارماي ئولتۇرۇپ كېتىدۇ. تۈن يېرىمىدا شۇنچە مۇۋەپپىقىيەتلىك باشلانغان بىر سىياسىي ئۆزگىرىش ھەرىكىتى، قارىغاندا كۈندۈزنىڭ سوغوقىدا پۈتۈنلەي كۆپۈككە ئايلانغاندەك قىلاتتى. ھىتلېرنىڭ كېيىنكى پىلانىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ئۇمۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئۈمىدسىز ئەھۋالدا ئىدى. ئۇ “پىدائىيلار باتالىئونى” غا بىر قىسىم ئەسكەرلەرنى باشلاپ بېرىپ ساقچى ئىدارىسىنى تارتىپ ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇ يەردە قولغا ئېلىنغان پۆھنېرنى قۇتقۇزۇپ چىقىڭلار دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنى يەنىلا ئۈمىد كېسىلمىگەندەك كۆرسىتىشكە تىرىشىپ، ئېس-ئاچىلار ئەترىتىدىن بىر قوشۇننى يەھۇدىيلار ئاچقان «پاركۇس» باسما زاۋۇتىدا تېخى يېڭىلا بېسىلغىنىغا قارىماي قىممىتى چۈشۈپ كەتكەن يېڭى پۇللارنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىپ كېلىڭلار دەپ يولغا سالىدۇ (گېرمانىيىدە ھەر ئىنقىلابچى مائاش ئالاتتى). بۇ پۇل جەمئى 146 تىرلىيون 5 مىليارت مارك بولۇپ، نېمىس ئادىتى بويىچە بۇ مۇسادىرە قىلىنغان پۇللار ئۈچۈن پاركۇس ئاكا-ئۇكىلار قۇرۇق بىر تىلخەتكىلا ئېرىشىدۇ.
بۇ چاغدا، تېخىمۇ كۆپ قوزغىلاڭچى قىسىم قارا ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ باشقا جايلاردىن ميۇنخېنغا يىغىلماقتا ئىدى. ئۇلار ئۇزۇن يوللۇق يۈرۈش جەريانىدا بىر تەرەپتىن سوغۇقتا مۇزلاپ كەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق چارچاپ كەتكەن ئىدى. ئەمما يەنىلا روھى كۆتۈرەڭگۈ كۆرۈنەتتى. ئۇلار ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى. لاندشۇتتىن كەلگەنلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلار ميۇنخېنغا قاراپ يولغا چىقىپ يول يېرىمىغا كەلگەندە ماشىنىلىق ساقچىلارغا دۈچ كېلىپ ئۆزئارا “خايىل!” دەپ ۋارقىرىشىپ سالاممۇ قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ رەھبىرى بولغان كىشى زەھەرلىك چىكىملىك زابويى گرېگور ستراسسېر دېگەن كىشى ئىدى. ئۇ ئەڭ ئالدىدا ماڭغان ماشىنىنىڭ كابىنكىسىدا ئولتۇرۇپ تىپ-تىنىچ166 ئەمما ھەممە ئالدىراش كېتىۋاتقان كوچىلاردا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. ئۇ چاغدا كىمدۇ بىرسى: بۇ يەردىكىلەر ئادەتتىكىدەك ئىشىنى قىلىپ يۈرۈپتۇ، “ئىنقىلاب بولغانغا پەقەتلا ئوخشىمايدۇ، چوقۇم بىر ئىش بار” دەپ ۋارقىرايدۇ. ئۇنىڭغا “قېنى بېرىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقمايمىزمۇ” دەپ جاۋاب بېرىدۇ ستراسسېر.
ئۇلار پىۋىخانىغا يېتىپ بارغىنىدا كاپىتان گيۆرىڭ ئالدىغا چىقىپ ستراسسېرغا: “بۇ ھارامتاماقلار، گېپىدە تۇرمىدى، فۈھرېرىمىزگە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى، خاتىرجەم بول، خەلق يەنىلا ھىتلېر تەرەپتە. بىز ئىشنى پۈتۈنلەي باشتىن باشلىمىساق بولمىدى” دەيدۇ. بۇ ئارىدا تاقىرباش پاكىنەك سىمىز بىرسى پىۋىخانا زالىغا ئالدىرىغىنىچە كىرىپ ھىتلېرغا ۋاكالىتەن كۈپچىلىككە ئەھۋالدىن مەلۇمات بېرىدۇ. بۇ كىشى جۇلىئۇس سترېيچېر دېگەن كىشى ئىدى. ئۇ قولىدىكى قامچىسىنى شىلتىغىنىچە ئىنتايىن بېزەپ تىللار بىلەن گۈرۈلدەپ تىللاپ ۋارقىراپ كېتىدۇ. ئۇ كۆپچىلىكنى رىغبەتلەندۈرۈشكە، كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا ئىدى. قولىدا قۇرالى بولمىغانلارغا قۇرال تارقىتىلىدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى قايتا ماشىنىلىق تىگىشلىك ئورۇنلارغا يوللىنىدۇ.
بۇ چاغدا، ھىتلېرنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ساقچى ئىدارىسىنى ئىشغال قىلىشقا ئىۋەرتىلگەن “پىدائىيلار باتالىئونى” غا تەۋە قىسىملار، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي ھەربى رايون قوماندانلىق شىتاپ بىناسىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار ساقچىلار بىلەن ئېتىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىنا ئالدىدا ئۇلار بىلەن بىر قانچە مىنۇت مۇنازىرە قىلىشىپ ئايرىلغان. ھىتلېر پۆھنېرنى قۇتقۇزۇش ئىشىنى ئۆزىنىڭ سادىق قوغداش ئەترىتىدىكىلەرگە تاپشۇرىدۇ. قاتتىق پىشىپ يېتىلگەن بەستلىك كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ قىسىم ئەتىگەن سائەت توققۇز يېرىمدا باش ساقچىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن خۇددى بىناغا قارىتىپ كۈچلۈك ھۇجۇم باشلايدىغاندەك قىياپەتتە دەرھال پىلىموتلىرىنى بىناغا قارىتىپ تىكلىشىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ توپىلاڭچىلار يەنىلا قان تۆكۈلۈشنى خالىمايتتى. ئۇلارمۇ ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالماي پىۋىخانىغا قايتىپ كېلىدۇ. بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇلار بۇنىڭدىمۇ ئاسانىراق ئورۇنداشقا بولىدىغان باشقا بىر ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ: ئۇلارغا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئۈستىگە كرىست بەلگىلىك بايراق تىكىلىشىنى رەت قىلىپ تۇرىۋالغان ماركسىزمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭەش ئەزالىرىنى قولغا ئېلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلىدۇ.
ئۇلار ئوتتۇردىن بىر يول ئېچىپ كونا پارلامېنت بىناسىغا كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ بېشىدىكى كىشى، يەنى ئاغزىدىن غاڭزىسىنى چۈشۈرمەي يۈرىدىغان كىشى يىغىن زالىنىڭ ئىشىكىنى جالاقشىتىپ ئاچقىنىچە كىرىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا قۇرال، بارلىق سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن كوممۇنىستلار قولغا ئېلىندىڭلار دەپ توۋلايدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە تاشقىرىدا، يەنى مارىيانپلاتز مەيدانىدا نۇرغۇن كىشىلەر “پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ زالدىن چىقىشىنى مازاق قىلىپ تىل-ھاقارەتلەر بىلەن كۈتىۋالغان. ئەسلىدە ئۇلار ئەسكەرلىرىمىزنىڭ قوغداپ تۇرغىنى ئۈچۈنلا بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇر-توخماق قىلىنىشىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى، ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىز ئارقىلىقلا ماشىنىغا چىقىپ بۇ يەردىن بىخەتەر ئايرىلالىدى.”
بۇ ماشىنىلار پىۋىخانا يولىغا قاراپ قوزغالغان ۋاقتىدا بىر نۇتۇق سۆزلىگۈچى خەلق ئاممىسىغا نۇتۇق سۆزلەشكە كىرىشىدۇ. نۇتۇق ئاڭلاشقا كەلگەنلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ يوللارنى توسىۋالغاچقا، سېندلىڭغا قاراپ ماڭىدىغان 6-يول تراللىبوسى ئورنىدىنمۇ قوزغىلالمايدۇ. ئاساسلىق نۇتۇق سۆزلىگۈچى كىشى سترېيچېر ئىدى. بۇ شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، سترېيچېر، پارلامېنت بىناسى ئۈستىدىكى ئايلانما چوڭ سائەت رەقەملىرىدىنمۇ بەكىرەك كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى. بۇ چاغدا مەيدان كرىست بەلگىلىك بايراقلار بىلەن تولۇپ تاشقان، پارتىيە بايرىقىمۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئۈستىدە لەپىلدىمەكتە ئىدى.
بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى، ھەر ئىككى تەرەپلا يەتكىچە قالايماقانلىشىپ كەتكەن، شۇنىڭدەك نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ قېلىشقان ئىدى. شەھەر ئىچىدىكى بەزى يەرلەردە شەھەر ساقچىلىرى قوزغۇلاڭچى قوشۇنلار چاپلىغان شۇئارلارنى سۆكۈپ توپىلاڭچى قوشۇندىكىلەرنى قولغا ئېلىشقا كىرىشكەن؛ شەھەر مەركىزىدە بولسا توپىلاڭچى قوشۇنلار ساقچىلارنى قولغا ئېلىپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوزغىلاڭچىلارنى قارىلايدىغان، ناتسىستلار پارتىيىسىنى تارقىتىۋېتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلارنى سۆكۈپ يۈرمەكتە ئىدى. ھىتلېرنىڭ قوشۇنلىرى قايناق بازار يېرى بولغان ئىسار دەرياسىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كۆۋرۈكلەرنى، شەھەر مەركىزى ۋە تىنچلىق پىۋىخانىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدىغان لودىۋىك چوڭ كۆۋرۈكىنىمۇ قوشۇپ ئىگەللىۋالغان ئىدى. مۇزىي چوڭ كۆۋرۈكى ئەتىراپىدا شەھەر خەلقى ياش توپلاڭچىلارنى سوراققا تارتىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئارىدىن بىر ئىشچى چىقىپ ئۇلارغا167 “سىلەر شەھەر ئىچىدە شۇنچە خەتەرلىك ئويۇنلارنى ئوينىشىڭلارغا ئاتا-ئاناڭلار قوشۇلامدۇ؟” دەپ ۋارقىرىشاتتى. ئۇ يەردىكى ئون كىشىلىك بىر ئەترەت ئامالسىز پىۋىخانىغا قېچىپ كېلىۋالىدۇ.
ئىسار دەرياسىنىڭ يەنە بىر كۆۋرۈك بېشىدا لاندشۇتتىن كەلگەنلەر ئارىسىدا پىتنە-پاسات يېيىلىشقا باشلاپ، “ۋەزىيەت بەكلا يامان، بىرلىرى بىزنى چوقۇم سېتىۋەتكەن!” دېگەن گەپلەر تارقىلىپ يۈرەتتى. راست دېمىسىمۇ ئۇلارنىڭ قورقۇشى ئاساسسىز ئەمەس ئىدى. ئەتىگەن سائەت ئوندا ماش رەڭلىك فورما كەيگەن ئەسكەرلەر قارا ماشىنىلىق يېتىپ كېلىدۇ. بۇ ئەسكەرلەر شىتاتلىق دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى بولۇپ، بۇ يەرگە كىلەر-كەلمەي ئىككى ماكسىم پىلىموتنى توپىلاڭچىلارغا قارىتىپ تىكلىشىدۇ. باشلىقلىرى ئوق چىقارماڭلار دەپ بويرۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىدىكىلەرمۇ ئوق چىقارمايدۇ. شىتات ئارمىيىسىمۇ يوقۇرىدىن شۇنداق بويرۇق ئالغان، يەنى پوزىتسىيەڭلارنى ئىگەللەپ تەييار تۇرۇڭلار دېگەن بۇيرۇق بىلەن كەلگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۇ يەردە بىر-بىرسىگە خىرىس قىلىپ قاراپ تۇرىدۇ.
پىۋىخانىدا بولسا، توپىلاڭچى قوشۇن كاتىۋاشلىرى ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلار توختىماي داۋام قىلماقتا ئىدى. بۇرۇن لۇدېندورفنىڭ قول ئاستىدا ئەسكەر بولغان پولكوۋنىك ھېرمان كرىبېل، قىسىملارنى گېرمانىيە-ئاۋسترىيە چېگرا بويىدىكى روزېنخېيمغا چېكىندۈرۈپ بارساق، ئۇ يەردە يەرلىك ئوڭچىل رادىكاللارنى يېنىمىزغا تارتالىشىمىز مۇمكىن دەپ تەكلىپ قىلىدۇ. گيۆرىڭ، ئۇ يەر ئۆزىنىڭ يۇرتى بولغاچقا بۇ پىكىرگە قوشۇلىدۇ. گيۆرىڭ، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھىتلېرنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇ يەردە ئەسكەر ئېلىپ قىسىملارنىڭ كام قىسمىنى تولۇقلىيالىشىمىز، ئاندىن قايتا غەيرەتكە كېلەلىشىمىز مۇمكىن دەپ قەتئىي ئىشەنچ قىلاتتى. “بۇ ھەرىكەتنى قانداقتۇ بىر قاراڭغۇ يېزا كوچا-جىلغىلىرىدا ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ” دەپ مەسخىرە بىلەن بۇ تەكلىپكە رەددىيە  بېرىدۇلۇدېندورف. بۇ ئىشقا ھىتلېر قارار بېرىشى لازىم ئىدى. ئۇ ئېنىق بىر نېمە دىيەلمەي ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىدۇ. ئەمما ھىتلېر ئەزەلدىن دوغا چىقىشقا ئادەتلەنگەن تەۋەككۈلچى بولغاچقا، ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان بۇنداق  پارتىزانلىق ئۇرۇشىنىڭ بىرەر ئىستىقبالى بولىشىغا ئىشەنمەيتتى. ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى بىراقلا غەلىبە قىلىش ياكى بىراقلا گۇمران بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى يولدىن بىرىنى تاللاش ئىدى. شۇڭا، كرىبېلنىڭ لايىسىنى رەت قىلىدۇ.
كوچىدىكى ۋەزىيەت بارغانسىرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىماي ئۇلار تېخىچىلا تالاش-تارتىش قىلىپ ئولتۇرىشاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ مۇنازىرىسى چۈشكىچە داۋام قىلىدۇ. ھەربى رايون قۇماندانلىقىدىكى كاپىتان رۆممۇ قۇرۇغلۇق ئارمىيىسى بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن قورشۋېلىنغان ئىدى. مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان دۈشمەق ئارمىيىسى ئالدىدا، “پىدائىيلار باتالىئونى” ئىچىدىكى ياشتا چوڭىراق بولغانلىرى ئوق چىقىرىشقا بەك ئالدىراپ كەتمەيدۇ. ئەمما رۆمنىڭ قول ئاستىدىكى 150 نەپەر جەڭچى جەڭ قىلىشقا بەكلا ھەۋەسكار ئىدى.
ھۆكۈمەت قىسىملىرى رۆمغا قارىتا ھۇجۇم باشلىغانلىق خەۋىرى يېتىپ كېلىشى بىلەن پىۋىخانىدىكى مۇنازىرىلەرمۇ شۇ ھامان توختايدۇ. روشەنكى، ئەگەر قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى دەرھال ھەرىكەت قىلمايدىكەن، شەرمەندىلەرچە تەسلىم بولماقتىن باشقىچە چىقىش يولى قالمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. لۇدېندورفنىڭ ئېيتىشىچە، قوشۇنلىرىنى ميۇنخېن شەھەر ئىچىگە قاراپ يۈرۈش قىلدۇرۇش ئارقىلىق رۆمنى قۇتۇلدۇرۇش پىكىرىنى ئەڭ ئاۋال ئۆزى ئوتتۇرغا قويغانمىش. “شەھەر ئىچىگە قاراپ پىيادە ئاتلىنايلى!” دېگەنمىش. ئەگەر بۇنداق بىر چارە ھەقىقەتەنمۇ لۇدېندورفنىڭ پىكىرى بولغىنىدا، بۇ پىكىر ئەسلىدە ھەقىقەتەنمۇ ھىتلېرنىڭ خاراكتىرىغا ئۇيغۇن بىر پىكىر ھېسابلىناتتى. يەنى، بۇنداق بىر ھەرىكەت تەشۋىقات خاراكتېرىنى ئالغان بىر نامايىش بولۇپ، كۈچ كۆرسىتىپ شەھەر خەلقىنى قوزغۇلاڭنى قوللاشقا ئۈندەشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر تەدبىر دېيىش مۇمكىن ئىدى. كېيىن ھىتلېر بۇ ئىش توغرىلىق شاھىتلىق قىلغان ۋاقتىدا، “بىزنىڭ شەھەرگە يۈرۈش قىلىشىمىزدىكى مەقسەت، خەلقنى ئۆزىمىزگە قارىتىش. شۇ ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ رايىنى بىلەلىشىمىز مۇمكىن. ئاندىن كاھل، لوسسوۋ ۋە سېيسېر قاتارلىقلارنىڭ خەلق ئاممىسىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنىمۇ بىلەلەيتتۇق. ھەر قانچە بولسىمۇ بۇ ئەپەندىلەر خەلق قوزغىلاڭچىلىرىنى پىلىموتلار بىلەن قىرغىن قىلغىدەك ئاقماق كىشىلەر ئەمەستۇ؟” دەيدۇ. دېمەك، شەھەرگە يۈرۈش قىلىش قارارى ئەنە شۇنداق ئېلىنغان ئىكەن.
لۇدېندورف، قۇرۇغلۇق ئارمىيە ئەسكەرلىرى نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ ئىلگىرلىشىگە ھەرگىز توسالغۇلۇق قىلمايدۇ دەپ قەتئىي ئىشەنچ قىلاتتى. ئۇ تېخى يېقىندىلا بىر دوستىغا: “باۋارىيە دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسى ماڭا قارشى چىقىدىغانلا بولىكەن، شۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسمان كۆمتۈرۈلۈپ چۈشىدۇ” دەپ كاپالەت بەرگەن ئىدى. ھىتلېرمۇ، مەيلى دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسى ياكى شىتاتلىق ساقچىلار بولمىسۇن، ئۇلاردىن ھېچ قايسىسى لۇدېندورفتەك بۇنداق بىر كۈرەش قەھرىمانىغا ئوق چىقىرىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قاتتىق ئىشەنچ قىلغاچقا نامايىشتا ئەڭ ئالدىدا خەلقنى يىتەكلەپ ماڭىدىغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ، دەرھال قارار قىلىپ (شۇ قېتىم مەن ئۆمرۈم بۇيىچە ئەڭ ئۈمىدسىز، ئەڭ جەسۇر بىر قارار ئالغان ئىدىم دەيدۇ ھىتلېر) شەھەردىكى ھەر قايسى كۆۋرۈكلەردە تۇرىۋاتقان قوشۇنلىرىغا ئالدىراش بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە،168 پىۋىخانا سىرتىدىمۇ پولكوۋنىك كرىبېل نامايىشچىلارنى بىر يەرگە يىغىشقا كىرىشىدۇ. سائەت ئون بىر يېرىم ئەتراپىدا، يەنى ھىتلېر پىۋىخانىدىن چىقىپ يولغا چىقماقچى بولۇپ تۇرغىنىدا، ئېكارت ئىشخانىغا ئالدىراش كىرىپ كېلىدۇ. ئۇ ئىككىسى بۇرۇن بىر قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتكەنلەر ئىدى. مانا ئەندى، ھىتلېرنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ ئۇنىڭغا مەجبۇرى تۈردە سالام قىلىدۇ. يىغىن زالىنىڭ سىرتىدا خاتالاشقان بۇ يازغۇچى لۇدېندورفقا ئەدەپ بىلەن سالام قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭمۇ سوغۇق مۇئامىلىسىگە دۈچ كېلىدۇ. يەنى گېنېرال ئۇنىڭغا قاراپ “ئادەتتىكىچىلا شەپكىسىنىڭ قىرىنى تۇتۇپ سالام قىلغان بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن.”
نامايىشچىلار قوشۇنى دەرھال قايتا تەشكىللىنىدۇ. شۇ كۈنى پىۋىخانىغا كەلتۈرۈلگەن ئوركىستىر ئۆمىكىدىكىلەر ناشتىمۇ قىلالمىغان، ئىش ھەققىنىمۇ ئالالمىغان بولغاچقا، خۇددى كۈندىلىك ھۆكۈمەت ئىشىنى بېجىرگىنىدەك ئۇرۇش مەزگىلىدە ھىتلېر تۇرغان پولكنىڭ مارشى «ھەيۋەتلىك بادىنلىقلار» دېگەن مارشنى رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا ئورۇنداپ قويۇپ بىر-بىرلەپ كېتىپ قالىدۇ. شۇڭا، نامايىشچىلار قوشۇنىغا يول باشلاپ ماڭىدىغانغا ئوركىستېرمۇ يوق ئىدى. چارىسىز تاللانغان قاۋۇل ئەسكەرلەر بىلەن 8 نەپەر ئەسكەر يول باشلاشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ئۇلار كرىست بەلگىلىك قارا-ئاق-قىزىل بايراق كۆتۈرۈپ ئالدىدا ماڭىدۇ. بايراقچىلارنىڭ كەينىدىن نامايىش يىتەكچىلىرى ماڭىدۇ. يەنى ھىتلېر ئوتتۇرىدا، شېۋبنېر رىچتېر بايراقچىلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، لۇدېندورف بولسا سول تەرىپىدە ماڭىدۇ. يېنىدا ميۇنخېن ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنىڭ كوماندىرى پولكوۋنىك كرىبېل، كانىۋىيى گراف بىلەن كاپىتان ھېرمان گيۆرىڭ ماڭىدۇ. گيۆرىڭ بېشىغا ئاق رەڭلىك كرىست بەلگىسى چۈشۈرگەن كاسكا، ئۇچىسىغا كېلىشتۈرۈپ قارا خۇرۇم پەلتو كېيىۋالغان، كۆكرىكىگە “شەرەپ ئوردىن” نى كۆرىنەرلىك قىلىپ قادىغان بولۇپ، بىر قاراشتا ھەقىقەتەنمۇ ھەيۋەتلىك ئەمما ئالاھىدە رۆمانتىك كۆرۈنەتتى. قولغا ئالغان دېپوتاتلارنى گۆرۆگە تۇتۇپ تۇرايلى دېگەن تەكلىۋى رەت قىلىنغان بولغاچقا، دېگەندەك خوشال كۆرۈنمەيتتى. فۈھرېر، “بىزگە قۇربانلار كېرەك ئەمەس!” دەپ بۇ تەكلىبىنى رەت قىلغان.
ئۇلارنىڭ كەينىدىن تۆتتىن قاتار بولۇپ ئۈچ ئەترەت قوشۇن سەپ تارتىپ ماڭىدۇ. سول تەرەپتە ھىتلېرنىڭ يۈز كىشىلىك مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى بېشىدا مىس قالپاق، قولىدا كاربىن قۇرال، ئۈستىگە يەنە قول بومبىسىمۇ ئېسىۋېلىشقان ھالدا ماڭىدۇ؛ ئوڭ تەرەپتە “پىدائىيلار باتالىئونى” ماڭىدۇ. ئوتتۇرىدا جەڭلەردە چېنىققان ميۇنخېنلىق ھۇجۇمچىلار قىسىمى ماڭىدۇ. ئۇلارنىڭ كەينىدىن كەلگەنلەر ھەر خىل ھەر ياڭزا كېيىنگەن كىشىلەر توپى بولۇپ، بەزىلەر ھەربى فورما كەيگەن بولسا، بەزىلىرى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كېيىلگەن كونىراپ تىتىلىپ كەتكەن ھەربى كىيىملەرنى كېيىشكەن، يەنە بەزىلىرى ئىش كىيىمى ياكى سودىگەرلەر قىياپىتىدە ئىدى. پىيادە ئەسكەر مەكتىۋىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەيۋىلىك جەڭچىلەر قىياپىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ، دۇكاندارلارنىڭ، ئوتتۇرا ياشلىق تىجارەتچىلەرنىڭ ياكى قورقۇنۇچلۇق لۈكچەكلەر ئوتتۇرسىدا ماڭىدۇ. نامايىشچىلار قوشۇنىدىكى بىردىن بىر ئورتاق بەلگە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا سول قولىدا كرىست بەلگىلىك يەڭلىك بار ئىدى. كوپ قىسىم كىشىلەر مىلتىق كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، نۇرغۇنلىرى شىتىكلىرىنىمۇ قادىۋېلىشقان ئىدى. ھۇجۇمچىلار ئەتىرىتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىلا دېگىدەك يان قۇراللىق ئىدى.
كۆزئەينىكىنى بۇرنىغا ئىلىۋالغان شېۋبنېر-رىچتېر روزېنبېرگنىڭ قولىغا نوقۇپ: “قارىغاندا ۋەزىيەت ياخشى ئەمەستەك” دەيدۇ. ئاندىن ئۇ ھىتلېردىن ئەنسىرەپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق بىرلىكتە نامايىش قىلىشى بولۇپ قالىدىغانلىقى ئېھتىمالىنى ئېيتىدۇ. فۈھرېرنىڭ چىرايىمۇ جىددى ئەمما تاتارغان ھالدا كۆرۈنەتتى. بۇنداق قەھرىتان سوغۇقتا ھىتلېر قالپىقىنى قولىغا ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇچىسىغا ھەممىگە تونۇش بولغان ھەربى پەلتوسىنى كىيىۋالغان ئىدى. لۇدېندورف بولسا ئوۋچىلار كاژانكىسى سىرتىغا بىر پەلتو كىيىۋالغان ئىدى. ئۇ ئىنتايىن تەمكىن بىر ھالدا، خىزمەتچىسىگە يارىدرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئويگە قايتىپ كەت دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ.
چۈش ۋاقتىلىرىدا، تارقاق ئەسكەر ۋە قەھرىمان نامايىشچىلاردىن تەشكىل تاپقان قوشۇن يولغا چىقىدۇ. 15 مىنوتتىن كېيىن ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇن لۇدىۋىك چوڭ كۆرۈكىگە يېتىپ كەلگىنىدە كىچىك بىر ساقچى ئەترىتىگە دۈچ كېلىدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ تاللانغان جەڭچىلىرى ئاستا-ئاستا سۈرۈلۈپ ئالدىغا چىققان ۋاقتىدا، ساقچىلارنىڭ كوماندىرى ئالدىغا چىقىپ ئۇلارنى يۈرۈشتىن توختاڭلار، بولمىسا ئوق چىقىرىلىدۇ دەپ بۇيرۇق بېرىدۇ. ئاندىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ ساقچىلىرىغا قۇرالىڭلارنى ئوقلاپ بەتلەپ تۇتۇڭلار دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. ئۇ ساقچى بۇيرۇق بېرىۋاتقىنىدا نېرىسىدىن ھەربى كاناي ئاۋازى كېلىدۇ. ئاۋانگارت جەڭچىلەر شىتىكلىرىنى تەڭلەپ ساقچىلارنىڭ ئەتىراپىنى قورشاپ كېلىپ ئۇلارغا ۋارقىرايدۇ: “ئۆز قېرىندىشىڭلارغا ئوق چىقارماڭلار!”169 ساقچىلار ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ساقچى توسىقىدىن بىر پايمۇ ئوق چىقارماي ساق-سالامەت ئۆتىۋالىدۇ. ئۇلار كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ يولىنى ئۇدۇل داۋام قىلىدۇ. زۋېيبرۈكېن كوچىسى كىشىلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى؛ نۇرغۇنلىرى ئالقىشلىماقتا ھەمدە قوللىرىدىكى كرىست بەلگىلىك بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ نامايىشچىلارنى قارشى ئېلىشاتتى. تاماشىبىنلارمۇ نامايىشچىلار ئارىسىغا قېتىلىشقا باشلايدۇ. خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىنلىقى نامايىشچىلارغا مەدەت بولۇپ ئىختىيارسىزلا مارش ياڭرايدۇ. ئوركىستىر بولمىسىمۇ، نامايىشچىلار ئۆزلىكىدىنلا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان «ھۇجۇمچىلار مارشى» نى ئېيتىپ كېتىدۇ. نامايىشچىلار قوشۇنى ئىسارتورغا يېتىپ كەلگەندە، يازغۇچى ئېكارت سول تەرەپ دەرۋازا تۈۋىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا تۇراتتى. ئۇ، نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان جىددىي كۆرۈنۈشتىكى ھىتلېر بىلەن كۆزلىرى بىر-بىرسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ: “ئۇ ماڭا تىكىلگىنىچە قاراپ كېتىۋاتاتتى. گويا ماڭا: سەن نەدە قالدىڭ؟ دەپ سوراۋاتقاندەكلا قىلاتتى” دەيدۇ ئېكارت.
بۇ سوغۇق كۈندە، كىشىلەر ئاغزى-بۇرنىدىن قۇيۇق ھور چىقارغىنىچە توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. چارەك سائەتتىن كېيىن نامايىشچىلار ماريېن مەيدانىغا كىرىپ كېلىدۇ. مەيداندا تېخى يېڭىلا مىتىنگ بولۇپ ئۆتكەچكە ئەتىراپتا نۇرغۇنلىغان كرىست بەلگىلىك بايراقلار تېخىچە لەپىلدەپ تۇراتتى. شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئۈستىدىكى ناتسىستلار بايرىقىمۇ تېخىچىلا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. نۇرغۇنلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك مارشلىرىنى ئېيتىشماقتا ئىدى. بۇ چاغدا، نامايىشچىلار قوشۇنىدا قالايماقانچىلىق يۈز بېرىدۇ. بەزىلەر دەرھال پىۋىخانىغا قايتىپ كېتىش خىيالىغا كېلىدۇ. ئەمما يەنە بىر قىسىم كىشىلەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلەپ، بېرىپ رۆمنى قۇتقۇزۇپ چىقىشىمىز كېرەك دەپ چىڭ تۇرىدۇ. بۇ چاغدا پولكوۋنىك كرىبېل، لۇدېندورفنىڭ نامايىشچىلارنى باشلاپ ئوڭغا بۇرۇلۇپ ۋېيىن كوچىسىغا كىرىپ ئودېئونس مەيدانى تەرەپكە قاراپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. پولكوۋنىك ھەيران قالىدۇ. ئەمما ئۇ ئۆز-ئۆزىگە “لۇدېندورف ئۇ يولغا قاراپ ماڭغان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك” دەيدۇ. ئەسلىدە گېنېرال لۇدېندورف بۇنداق بىر يۈرشنى پىلانلىمىغان بولۇپ، “ھاياتىمىزنىڭ بەزى پەيتلىرىدە كىشىلەر تۇغما تۇيغۇسىغا تايىنىپ ھەركەت قىلىپ قانداق ئاقىۋەت يۈز بېرىشىنى پەقەتلا ئويلىمايدۇ. … بىز پەقەت رۆم بار يەرگە قاراپ مېڭىپ ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىشنىلا ئويلايتتۇق.”
مۆرىسىگە قوڭۇر رەڭلىك پەلتوسىنى ئارتىۋالغان بەستلىك لۇدېندورف، شۇ ئاندىكى ھاياجىنى بىلەن ئوڭغا قاراپ بۇرۇلۇپ نامايىشچىلار قوشۇنىنى ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالىدىغان جايغا باشلاپ كېتىۋاتاتتى. بىر قانچە مىنۇتقا قالماي نامايىشچىلار قوشۇنى ميۇنخېندىكى ئەڭ قاتتىق قوغدىلىدىغان يەرلەردىن بىرى بولغان پارلامېنىت بىناسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىدۇ. نامايىشچىلار بۇ يەردە بىر ئەتىرەت ساقچىلار تەرىپىدىن توسىۋېلىنىدۇ. ئەمما نامايىشچىلار قوشۇنى “ئەڭ ئۇلۇغ گېرمانىيە” ناخشىسىنى توۋلاپ كۈتىرەڭگۈ روھلۇق بىلەن قورقماستىن ئالغا ئىلگىرلەيدۇ.
ۋىنىفرېد ۋاگنېر خانىم دېرىزىسىدىن تۆۋەنگە قاراپ كۈزىتىپ تۇرغىنىدا ئەڭ قاتتىق چوقۇنىدىغان ھىتلېرنىڭ لۇدېندورف بىلەن مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ قوماندانلىق شىتابى تار يولىدىن كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەكلا ھەيران بولىدۇ. چۇنكى ئالدى تەرەپتە ئودېئونىس مەيدانىدا ئۇششاق گۇرۇپپىلار بويىچە تارقالغان ماش رەڭ كىيىملىك ئەسكەرلەرنىڭ يۈگىرىشكىنىچە پوزىتسىيىگە ئۆتۈپ نامايىشچىلار قوشۇنىنى توساشقا تەييارلىنىۋاتاتتى. بۇ تار كوچىدا سەككىز كىشى مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ئارانلا ماڭغىلى بولاتتى. ھىتلېر يېنىدىكى شېۋبنېر رىچتېر بىلەن قول تۇتۇشقىنىچە بالاغا تەييار تۇرىدۇ. لۇدېندورف بولسا ئۆزى يالغۇز داغدام قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتقان بولۇپ، ماڭا ھېچ كىم ئوق چىقىرالمايدۇ دەپ قاتتىق ئىشەنچ قالاتتى. دەل شۇ پەيتتى ئالدى تەرەپتە لېتىنات فرېيخېر ۋون گودىن كوماندىرلىقىدىكى فېدرال ساقچىلار ئۇنىڭ يولىنى توسىۋالىدۇ. گودىن ئالدىدا كېلىۋاتقان ئەتىرەتكە قاراپ ۋارقىرايدۇ: “ئىككىنچى روتا، يۈگىرىپ مارش!” فېدرال ساقچىلىرى تېز قەدەملەر بىلەن ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ. ئەمما قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى يەنىلا تارقالماي يولىنى داۋام قىلىدۇ. ئۇلار يۈگىرىشتىن توختاپ شىتىكلىرىنى چىقىرىپ مىلتىق تەڭلەيدۇ ياكى تاپانچىلىرىنى چىقىرىدۇ. گودىن مىلتىقى بىلەن ئىككى شىتىكنى قايرىپ تاشلاپ، “كۆتەرگەن مىلتىقى بىلەن كەينىدىكى ئىككى ئادەمنى ئۇرۇپ يېقىتىدۇ.” دەل شۇ پەيتتە تۇيۇقسىز ئوق ئېتىلىدۇ. گودىن ئوقنىڭ بېشى ئۈستىدىن ۋېڭىلداپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلايدۇ. بىر ئەسكەر شۇ ھامات يېقىلىپ چۈشىدۇ.170 “روتامدىكى ئەسكەرلەر چۈچۈپ تۇرۇپلا قالدى. قىمىرمۇ قىلمايتتى. كەينىدىنلا مېنىڭ بۇيرۇقۇمنى كۈتمەي ئادەملىرىم ئوق چىقىرىشقا باشلىدى. ئوق قارشى تەرەپكە يامغۇردەك ياغدى.”
قوزغىلاڭچى قىسىملارمۇ دەرھال قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. كەينىدىنلا نامايىشچىلار قوشۇنى بىلەن يول بويىدىكى تاماشا كۆرگۈچىلەر ھەر تەرەپكە پىتىراپ قېچىشقا باشلايدۇ، ئوتتۇرلۇق پۈتۈنلەي قالايماقانلىشىپ كېتىدۇ. بىرىنچى قېتىمدا يېقىلغانلار ئارىسىدا شېۋبنېر-رىچتېرمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۆپكىسىگە ئوق تەگكەن ئىدى. يېقىلغان يەنە بىر كىشى بولسا گراف بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوق تىگىشتىن بۇرۇن سەكرەپ ئېتىلغىنىچە بېرىپ ھىتلېرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئۇنىڭغا كېلىۋاتقان 5~6 پاي ئوقنى كۆكسى بىلەن توسىۋالىدۇ. ھەتتا گراف يېقىلىپ چۈشىۋېتىپ تۇرۇغلۇقمۇ ھىتلېرنىڭ بىلىكىگە ئېسىلىپ ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تارتىپ يەرگە ياتقۇزىۋالىدۇ. نەتىجىدە ھىتلېرنىڭ سول قولى جايىدىن چىقىپ كېتىدۇ. شېۋبنېر-رىچتېر يەنە بىر تەرەپتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھىتلېرنى تارتىپ پىيادىلار يولىغا سۆرەشكە ئۇرۇنىدۇ. لۇدېندورفنىڭ سادىق خىزمەتچىسى (ئۇنىڭغا ئۆيگە قايتىپ كەت دەپ بۇيرۇق قىلىنغان بولسىمۇ كەتمىگەن ئىدى) ئاسفالىت يولدا قان ئىچىدە ياتاتتى. ئۇنىڭ دوستى ئايگنېر، يەنى جان تالىشىپ ياتقان شېۋبنېر-رىيچتېرنىڭ خىزمەتچىسى دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا قاراپ ئۆمىلەيتتى. ئەمما شېۋبنېر-رىيچتېرنىڭ ئاللىمۇ قاچان جېنى چىقىپ بولغان ئىدى. بىرسى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئاتلىغان ئادەم گېنېرال لۇدېندورف ئىدى. گېنېرال بىر قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ چوڭ قەدەملەر بىلەن ئوق چىقىرىۋاتقانلارنىڭ ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ (كۆپ سانلىق دوكلاتلاردا لۇدېندورفنى ئۆلمەس قەھرىمان قىلىپ تەسۋىرلەشكەن بولۇپ، ئۇ باشتىن ئاخىرغىچە تىك تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرلىگەن، ئەمما ھىتلېر بولسا ئەزەلدىن قورقۇنچاق ئىدى دەپ يېزىشىدۇ. چۇنكى ئۇ چاغدا ھىتلېر يەرگە يېتىۋالغان دېيىشەتتى. شۇنىسى ئېنىقكى، ئەسلىدە ھىتلېرمۇ ئوق چىقار-چىقماي ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ ئوقتىن ساقلىنىشى پۈتۈنلەي نورىمال ھەرىكەت ھېسابلىناتتى. ئۇ بۇنداق قىلىش ماھارىتىگە ئىگە جەڭلەردە چېنىققان بىرسى ئىدى. ئەمما ئۇ ياتمىدى. پەقەت ئۇنى باشقىلار تارتىپ يەرگە ياتقۇزغان. ئۇنىڭ قولىنىڭ چىقىپ كېتىشى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. روبېرت مۇرفى شاھىتلىق قىلىپ “لۇدېندورف بىلەن ھىتلېر ئىككىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش ھەرىكەت قىلىشىدۇ؛ ئىككىسىلا مۇشەققەتلىك جەڭ مەيدانىدا پىشىپ يېتىلگەن تەجرىبىلىك ئەسكەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئوق چىققاندا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن يەرگە ياتقان” دەيدۇ. يەنە بىر نەق مەيداندىكى بىرسى، كېچىلىك كۈزەتچى بىرسىمۇ لۇدېندورفنىڭ ئوق چىققاندا ئۆزىنى يەرگە ئاتقانلىقىنى، يەردىكى بىر ئۈلۈكمۇ ياكى بىر يارىدارمۇ بىرسىنى ئۆزىگە دالدا قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. يەنە بىر كېچىلىك كۈزەتچىمۇ ئوق ئاۋازى كېلىشى بىلەن تەڭ يولدا ئۆرە تۇرغان بىرمۇ ئادەم قالمىغان ئىدى دەيدۇ — ئا. ھ. ئى).
ھىتلېر يېقىلىپ چۈشىۋېتىپ سول بىلىكىمگە ئوق تەككەن بولسا كېرەك دەپ ئويلايدۇ. سەپداشلىرى تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ ئۇنى قوغداشقا كىرىشىدۇ. نەق مەيداندا 18 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بۇلاردىن 14 نەپىرى ھىتلېرنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرى، قالغان تۆت نەپىرى ساقچى ئىدى. شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، بۇ 18 ئادەمنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك مىللىي سوتسىيالىزمنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بولسىمۇ ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەردىن ئىدى. نەق مەيداندا نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكەنلىكىنى پەقەت ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا كېتىۋاتقان كىشىلا ئېنىق كۆرەلىگەن بولۇپ، كەينىدە قىستىلىپ قالغان كىشىلەر بولسا ئالدى تەرەپتە پەقەتلا پاراسلاپ ئېتىلغان ئوق ئاۋازىنىلا ئاڭلىيالايدۇ. كەينىدىنلا قۇلاقتىن قۇلاققا گەپ تارقىلىپ، ھىتلېر بىلەن لۇدېندورف ئىككىسىگىلا ئوق تىگىپ ئۆلۈپتۇ دېگەن پىتنە گەپ تارقىلىدۇ. قوزغىلاڭچىلار ئارقا-ئارقىدىن كەينىگە چېكىنىدۇ.
لۇدېندورف داغدام قەدەملەر بىلەن توساقلاردىن بېسىپ ئۆتۈپ بېرىپ بىر لېتىناتنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. بۇ لېتىنات گېنېرالنى قولغا ئېلىپ قوماندانلىق شىتاۋىغا يالاپ كىرىدۇ. بىناغا كىرىشى بىلەن تەڭ، سەل ئاۋاللا رومانلاردىكى قەھرىمانلاردەك كۆرۈنگەن لۇدېندورف بىراقلا ئەكە چوڭ قىلىنغان بىر بالىغىلا ئۆزگىرىپ قالىدۇ. بىر پولكوۋنىك ئۇنىڭغا، ئائىلىسىدىكىلەرگە گېنېرالنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئىۋەرتەيلىمۇ دەپ سورىۋىدى، گېنېرال قوپاللىق بىلەن ۋارقىراپ رەت قىلغىنىچە ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنى ’جانابلىرى‘ دەپ چاقىرىشىنى چەكلەيدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ يەردىكىلەر ئۇنىڭغا ’لۇدېندورف ئەپەندى‘ دەپ خىتاپ قىلىشقا باشلايدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا ئەدەپسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان ساقچى ئەمەلدارى يەنىلا شۇ پاگونلۇق كىيىمىدە يۈرىدىغانلا بولىدىكەن مەڭگۈ ھەربى فورما كەيمەيمەن دەيدۇ.
ھىتلېر قاتتىق ئازاپلانغىنىچە يارىلانغان سول بىلىكىنى كۆتىرىۋالىدۇ. ئۇ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ ئاستا-ئاستا مەيداندىن ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ رەڭگى-روھى تاتارغان، چاچلىرىمۇ چۇۋۇلۇپ يۈزىگە تۆكۈلۈپ قالغان ئىدى. ميۇنخېن ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنىڭ سەھىيە قىسىمىدىن ئىگىز بويلۇق ياش يىگىت، يەنى دوختۇر ۋالتېر شۇلتىز ئۇنىڭغا يول بويى ھەمرا بولىدۇ. پىيادىلار يولىدا ئۇلار بىر كىچىك بالىنى ئۇچرىتىدۇ. ئۇ بالا يارىلىنىپ قاتتىق قانسىراپ تۇرغان ئىكەن. ھىتلېر ئۇنى كۆتۈرىۋالماقچى بولىۋىدى شۇلتىز دەرھال ئايالىنىڭ بىر تۇققان ئىنىسىنى يېنىغا چاقىرىپ (ئۇ بىر بوتانىك سىتۇدېنتى بولۇپ، ئىسمى شوستېر ئىدى) بالىنى كۆتۈرىۋېلىشىنى تاپىلايدۇ. ئۇلار ماكس جوزېف مەيدانىغا كېلىپ مىڭ تەستە ھىتلېرنىڭ كونا ’سېلۋە‘ ماركىلىق ماشىنىسىنى تاپىدۇ.171 ماشىنا داۋالاش ئەسۋاپلىرى ۋە دورا-دەرمەكلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. جىددى قۇتقۇزۇش خادىمى بولغان يېشى چوڭ فرانكېل بىلەن شوپۇر بىرلىكتە ئالدىدا ئولتۇرىدۇ. ھىتلېر بىلەن دوختۇر كەينىدە ئولتۇرىدۇ. شوستېر بايىقى يارىدار بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ يان باسماقتا ئۆرە تۇرىدۇ. ھىتلېر ماشىنىنى بۈرگېربراۋ پىۋىخانىسىغا ھەيدەشنى بۇيرۇيدۇ. ھىتلېر ئۇ يەردە نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلگىسى بار ئىدى. مارىئان مەيدانىدا ئۇلار نۇرغۇنلىغان پىلىموتلار ئوق چىقىرىۋاتقان بىر يەرگە كېلىپ قېلىپ ئامالسىز بىر قانچە قېتىم يول ئۆزگەرتىپ ماڭىدۇ. لۇدۋىگ چوڭ كۆۋرۈكىمۇ قامال قىلىۋېلىنغان بولغاچقا ئىلاجىسىز ئۇ يەردىنمۇكەينىگە يانىدۇ. بۇ چاغدا يارىدار بالا ھۇشىغا كېلىدۇ. شوستېر دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ بالىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن پىيادە كىتىپ قالىدۇ. پىكاپ سىندلىنگېرتور مەيدانىغا قاراپ يولىنى داۋام قىلىدۇ. ئۇ يەردە جەنوبىي قەۋرىستانلىقىدىن ئوق ئېتىلىش سەۋەبىدىن يەنە توختايدۇ، پىۋىخانىغا بېرىش ئىمكانى يوق ئامالسىز جەنۇبقا بۇرۇلۇپ سالىزبۇرگ تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ.
گيۆرىڭنىڭ مەيدىسىگە تاقىغان “شەرەپ ئوردىن” لىرى ئۇنى بالادىن قۇتقۇزۇشقا ئەسقاتمىغان ئىدى: ئۇنىڭ پاقالچىقىغا ئوق تېگىپ پىيادىلار يولىدا تولغىنىپ يېتىپ قالىدۇ. كىشىلەر ئۇنى قوماندانلىق يولى 25-نومۇرلۇق قوراغا كۆتۈرۈپ كىرىدۇ. قوزغىلاڭچىلاردىن بىرسى ئىشىك قوڭغىرىقىنىڭ يىپىنى تارتىپ سىلكىيدۇ. ئۇلار ئۆي خوجايىنى ئىلسە باللىندىن يارىدار قوبۇل قىلىپ قىلالمايدىغانلىقىنى سورايدۇ. “ئەلىۋەتتە قوبۇل قىلالايمەن، بىز ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ ساقلاپ بېرەلەيمىز، شۇغىنىسى، دىققەت قىلىڭلار، بۇ يەردە بىر يەھۇدىي ئائىلىسىمۇ بار” دەيدۇ. ئاندىن گيۆرىڭ ئۈستى قەۋەتكە چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭ يارىسى تېڭىلغاندىن كېيىن دوستلىرى كېلىپ ئۇنى باشقا بىر بىخەتەر يەرگە يۆتكەپ كەتكىچە بۇ يەردە يۇشۇرۇن تۇرۇشىغا ماقۇل بولىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر يەھۇدىينىڭ ئىچى ئاغرىتىشى نەتىجىسىدە گيۆرىڭ تۈرمىگە سولنىشىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى.

6
مارىئان مەيدانىدا، جەڭگىۋارلىق بىلەن باشلانغان ھەرىكەت گويا قانداقتۇ بىر قورقۇنۇچلۇق تەبىئى ئاپەت پەيدا بولغاندەك كىشىلەر ئەسەبىلەرچە ھەر تەرەپكە قاراپ پىتىراپ قېچىىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلار قىزلار ئوتتۇرا مەكتىۋىگە  كىرىپيوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كارىۋاتلارنىڭ ئاستىغا مۆكۈنىۋالغان بولسا، يەنە بەزىلىرى ھاجەتخانىلارغا كىرىپ مۆككەن ئىدى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بىر ئاشخانىغا كىرىپ ھەر ئەتىراپنى قىزىپ قۇرال سىقىدىغان يەر ئاختۇرۇپ يۈرۈپ قۇراللىرىنى ئۇچاقلارنىڭ ئاستىغا، ئۇن خالتىلىرىنىڭ ئىچىگە ياكى قەھۋە ئىدىشلىرىغا سۇقۇشقا كىرىشكەن. ساقچىلارمۇ ھەر تەرەپتىن توپىلاڭچىلارنى قوغلاپ قولغا ئېلىشقا كىرىشىدۇ؛ يۈزلەرچە ئادەم يوللاردا توساپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. قەھۋىخانىنى ساقلاشقا قويۇلغان قوماندانلىق شىتابىدىكىلەر بۇ بالا-قازادىن قورقۇپ جان-پېنى چىقىپلا كېتىدۇ. ئۇلار بىر پايمۇ ئوق ئاتقىدەك بولماي ساقچىلارغا ئەل بولۇپ قۇراللىرىنى يىغىپ بولۇپ ئۆيلىرىگە قايتىپ ئاران ئارام تېپىشىدۇ. ھەربى رايون قوماندانلىق شىتاۋىدىكى كاپىتان رۆم، قارشىلىق كۆرسەتكەننىڭ قىلچە پايدىسى يوقلىقىنى كۆرۈپ قۇرال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولىدۇ. گەرچە قوزغىلاڭ ئاخىرلاشقان بولسىمۇ پىۋىخانىدا غالىبىيىتىنى تەنتەنە قىلىپ قايتىشىۋاتقان ساقچىلار شەھەر خەلقىنىڭ ھاقارىتىگە قالىدۇ. خەلق ئۇلارغا قاراپ “كۆزدىن يوقۇلۇڭلار، يەھۇدىي مالايلىرى! ۋەتەن ساتقۇچلار! ياۋايى ھايۋانلار! خايل ھىتلېر! يوقالسۇن كاھر!” دەپ توۋلىشىدۇ.
باش قوماندانلىق مەھكىمىسى ئالدىدا مەغلۇپ بولغانلىق خەۋىرى كەلگىنىگە قارىماي، لاندشۇتكى ھۇجۇمچىلار ئەترىتى تېخىچە ئۆز پوزىتسىيىلىرىنى قولدىن بەرمەي ساقلاپ تۇرماقتا ئىدى. بۇ يەردىمۇ پىتنە-پاسات گەپلەر يامىرىغان بولۇپ، لۇدېندورف ئۆلۈپتۇدەك، ھىتلېر ئېغىر يارىلىنىپتۇدەك! دېگەن گەپلەر ئېقىپ يۈرەتتى. گىرىگور ستراسسېر قالدۇق قىسىملارنى يىغىشتۇرۇپ “ئاچچىق ئىچىدە كارنىڭ ساتقۇنلىقىدىن قاتتىق روھىي چۈشۈپ” جەڭ مەيدانىدىن ئايرىلىدۇ. بىر ئورمانلىقتا ميۇنخېنلىق ھۇجۇمچىلار ئەترىتىدىكىلەرنىڭ قۇراللىرىنى دەرەخلەرگە ئۇرۇپ پاچاقلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ستراسسېر، بۇ قۇراللار كېيىن يەنە ئەسقاتىدۇ دەپ ئۇلارنى بۇ ھەرىكەتتىن توختۇتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن لاندشۇتتىكى ھۇجۇمچىلار ئەترىتىدىكىلەر ئىتتىپاق بولۇشۇپ، سۆزلىرى ئاۆزگەرتىلىپ قايتا يېزىلغان «كرىست بايرىقى بىلەن مىس قالپاق» دېگەن مارشنى توۋلاشقىنىچە روھلۇق قەدەملەر بىلەن خاۋپتباخىنخوفقا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ.172 ئۇلار “سېتىۋېتىلگەن بولساقمۇ يەنىلا ۋەتەنگە سادىقمىز” دەپ ناخشا ئېيتىشاتتى.
تاشيولدا يەنە بىر قىسىم ھۇجۇمچىلار ئەترەت ئەزالىرى كېتىۋاتاتتى. ئۇلار كىچىك ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ تۇتۇپ كەلگەن ميۇنخېن شەھەرلىك دېپوتاتلارنى يالاپ ماڭغان ئىدى. دېپوتاتلارنى قاراماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇپ روزېنخېيمغا ماڭىدىغان تاشيول بويىدىكى ئورمانلىققا كەلگەندە ماشىنىلار توختايدۇ. ئەتىرەت باشلىقى ئەسىرلەرنى ئورمانلىق ئىچىگە ئېلىپ ماڭىدۇ. ئەسىرلەر قورققىنىدىن يۈزلىرى ئاپئاق تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار “ئەندى بىزنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىمىز كەلگەن ئوخشايدۇ” دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بېشىغا ئۈستى بېشىنى ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنىڭ كىيىملىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشتەك نۇمۇسقا قالدۇرۇلۇشتىن باشقا بىر ئىش كەلمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھۇجۇمچىلار ئەترىتىدىكىلەر شەھەر پۇخراسى شەكلىدە ميۇنخېنغا قايتىپ كېتەلەيدىغان بولىدۇ. گۆرۆگە ئېلىنغان باش مىنىستىر ۋون كنىللىڭدىن باشقا قالغان مۇھىم كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلىدۇ. ھېس ئۇلارنى ئوڭۇشلۇق ھالدا تېگېرنسىدىكى بىر داچىغا ئاپىرىدۇ. ئەمما ئۇ ميۇنخېنغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سورىغىلى كەتكىنىدە گۆرۆدىكىلەرگە قاراۋاتقان ياش جەڭچى ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ماشىنىلىق قايتىپ كېتىشى ئۈچۈن قايىل قىلىنىپ ماشىنىنى گۆرۆگە ئېلىنغان كىشىلەرگە بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھېس گۆرۆدىكىلەردىنلا ئايرىلىپ قالغان بولماي ئاپتوموبىلدىنمۇ مەھرۇم قالغان ئىدى.
شېۋبنېر-رىچتېرنىڭ خىزمەتچىسى، قۇرالىنى يۇشۇرۇپ بولۇپ ئۆتنە ئېلىپ كەلگەن پۇخراچە كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ خوجايىنىنىڭ ئەھۋالى نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن يۇشۇرۇن قىرغىنچىلىق بولغان جايغا قايتىپ بارىدۇ.  قوماندانلىق بىناسىدا ئۇنى توسىۋالىدۇ؛ ئايگنېر بىر ساقچى ئەمەلدارىغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېيتىدۇ. “نۇرغۇن تەرەپلەردىن تەلەپ قىلىشىم نەتىجىسىدىلا ئاندىن ئۇلار مېنى كىرىشكە رۇخسەت قىلىشتى. كىرىش ئىشىكى يېنىدا بىر مۇنچە ئۈلۈكلەر قاتار تىزىلغان ئىكەن. مەن بۇنى كۆرۈپ قېيىپلا كەتكەن ئىدىم. مەن بۇ جەسەتلەر ئارىسىدىن خوجايىنىمنى ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم.” ئايگنېر، خوجايىنى يېقىن دوستىنىڭ، يەنى لۇدېندورفنىڭ خىزمەتچىسىنىڭ جەسىدى يېنىغا ياتقۇزۇپ قويۇلغانلىقىنى كۆرىدۇ. “كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى. پۈتۈنلەي ئۈمىدسىز ھالدا ئىدىم. بولارنى كۆرگەندىن كېيىن ۋىيدىنمايېر كوچىسىدىكى ئۆيگە قايتىپ كەتتىم.” شېۋبنېر-رىچتېر خانىم يولدىشىنىڭ نەدىلىكىنى سورىۋىدى ئايگنېر ھۇلۇققىنىچە ئالدىراپ يالغان گەپ ياساپ باققان بولسىمۇ كىلىشتۈرەلمەيدۇ. “مەن خانىمنىڭ: نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق، ئەمما مەن يەنە نېمە ئۈچۈن ئوفىتسېرلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ يۈرىمەن؟ دېگىنى ئېسىمدە.”
خانفىستايىنگىل قىلچە ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇ ئۆيىدە يالغۇز قالغان ئىدى. سىڭلىسى تېلېفون قىلىپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ميۇنخېن مەركىزىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى، كوچىدا ياخشى تونۇيدىغان ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنىڭ قاۋۇل بىر ئەزاسىغا يولۇققانلىقىنى، ئۇنىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا ھىتلېر، لۇدېندورف ۋە گيۆرىڭلارنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى، مىللىي سوتسىيالىزم پارتىيىسىنىڭ تۈگەشكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. خانفىستايىنگىل سىرتقا چىقىپ بېقىپ بولماي كەينىگە يېنىپ ئۆيىگە بېرىپ قېچىش تەييارلىقىنى قىلماقچى بولىۋىدى، بېرزىنتلىق كىچىك ماشىنا كۈچلۈك تورمۇز قىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ توختايدۇ. ئاپتوموبىل ئىچىدە ئامان، ئېسسېر، ئېكارت ۋە خوفمان قاتارلىق كىشىلەر بار ئىدى. ئۇلار بىرلىكتە رەسىم تارتىش ئۇستىسى خوفماننىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. ئۇ يەردە ھەممە بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىشىپ خانفىستايىنگىلنى ئۆزى يالغۇز ئاۋسترىيىگە كەتسۇن دەپ بىردەك كىلىشىدۇ.
ھىتلېر، خانفىستانگىلنىڭ ئۇففىڭ سەھراسىدىكى داچىسىغا بېرىپ يوشۇرۇنۇشىنى ھەرگىز ئويلىمىغان بولسىمۇ يۈز بەرگەن بەخىتسىزلىكلەر ئۇنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلىدۇ.  ميۇنخېندىن ئون چاقىرىمدەك يىراقلىقتىكى بۇ يەردە ھىتلېر ئۇزۇنغا سوزۇلغان جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، تۇيۇقسىزلا “سول بىلىكىمگە ئوق تەگكەندەك قىلىدۇ” دەيدۇ. “قىزىتمىڭىز بارمۇ؟” دەپ سورايدۇ دوختۇر شۇلتىز. “قىزىتمامغۇ يوق، ئەمما بىلىكىمدە ئوق قالغان بولسا كېرەك، ھېچ بولمىغاندا بىلىكىمنىڭ بىر يەرلىرى سۇنغان بولىشىمۇ مۇمكىن” دەيدۇ. ئۇلار ئورمانلىق ئىچىدە ماشىنىنى توختىتىدۇ. دوختۇر، ھىتلېرنىڭ كاژانكىسىنى، ئىككى قات پوپايكىسىنى، گالۇستۇكىنى چىقىرىپ كۆڭلىكىنى مىڭ تەستە سالدۇرىدۇ. شۇلتىز ئۇنىڭ سول بىلىكىنىڭ بەكلا ئېغىر چىقىق ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. ئەمما ياردەمچىسىمۇ بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا ئىچىدە چىققان قولىنى جايىغا سېلىش ئىمكانىمۇ يوق ئىدى. شۇڭا ئۇ، ھىتلېرنىڭ يارىدار قولىنى بىر قول ياغلىقى بىلەن تېڭىپ ھەركەت قىلمايدىغان ھالغا كەلتۈرىدۇ. ئاندىن ئاۋسترىيىگە قېچىپ كېتىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. ھىتلېر بۇنى رەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ. ئۇلار مۇرناۋغا يېتىپ كېلەي دېگەندە ھىتلېر،173 خانفىستايىنگىلنىڭ ئۇففىڭدىكى داچىسى ئېسىگە كېلىدۇ. ئۇ يەر نەچچە چاقىرىم كېلىدىغان بىر يەردە ئىدى. ئۇ شوپۇرىغا “سېلۋە” ماركىلىق پىكاۋىنى بىر يەرگە پۇختىلاپ يۇشۇرۇپ قويىشىنى بۇيرۇيدۇ. ئاندىن ئۇ دوختۇر، جىددى قۇتقۇزۇش خادىمى ئۈچىسى بىرلىكتە ئۇففىڭغا قاراپ ياياق يۈرۈپ كېتىدۇ.
ئۇلار چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەردە خانفىستايىنگىلنىڭ داچىسىغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ داچا تاش بىلەن ياسالغان چاققانغىنە بىر بىنا بولۇپ، كەنتتىكى چېركاۋغا يېقىنلا بىر يەردە ئىدى. ھېلېنا ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن بۇ ئۈچ نەپەر مېھمىنىنى ئۈستىنكى قەۋەتتىكى مېھمان كۈتۈش ئۆيىگە باشلاپ چىقىدۇ. بۇ چاغدا ھىتلېر، لۇدېندورف بىلەن سادىق مۇھاپىزەتچىسى گرافنىڭ قۇربان بولىشىغا قاتتىق ئۆكۈنىدۇ. ھىتلېر ئۇ ئىككىسىنىڭ يېقىلىپ چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. ئۇ بارغانسىرى ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ كېتىدۇ: لۇدېندورف ئىشەنچىلىك بىرى بولغىنى ئۈچۈنلا خىزمەتچىسى ئۆز ھاياتىنى پىدا قىلالىدى؛ گرافمۇ سەمىمى سادىق بىرسى ئىدى. مانا ئەندى ئۇنداق مۇكەممەل بىر كانۋاينى ھەرگىزمۇ تاپالمايمەن دەيدۇ. ئاندىن ئۇ، ئۈچ نەپەر سىياسىي كاتىۋاشنىڭ خائىنلىق قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىپلەپ، “تىرىكلا بولىدىكەنمەن، ئۆز غايەم يولىدا تەۋرەنمەي ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمەن” دەپ قەسەم قىلىدۇ.
ھېلېنا ھىتلېرغا، چوقۇم سىلەرنىڭ پېيىڭلارغا چۈشكەن بولىشى مۇمكىن، قولغا ئېلىنىشقا قارشىلىق كۆرسىتەلىشىڭلار ئۈچۈن ياخشىلاپ بىر ئۇخلىۋېلىشىڭلار كېرەك دەپ تەكلىپ قىلىدۇ. دوختۇر شۇلتىز بىلەن جىددى قۇتقۇزۇش خادىمى ھىتلېرنى يۈلەشتۈرۈپ ئۈستى قەۋەتتىكى بىر ياتاق ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ ياتقۇزىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ چىقىپ كەتكەن بىلىكىنى جايىغا سېلىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆرىدۇ. مۆرىسى بەكلا قاتتىق ئىششىپ كەتكەچكە بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇنۇشى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. ئۇلار قايتا سېلىشقا كىرىشكىنىدە ھىتلېرنىڭ چىرايى ئاغرىقتىن پۈرۈشۈپ كېتىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم ئۇلار بىلىكىنى ئورنىغا سېلىۋالىدۇ. ئاندىن جىددى قۇتقۇزۇش خادىمى ئۇنىڭ مۆرىسىنى بىلىكى بىلەن قوشۇپ تېڭىپ بوينىغا ئېسىپ قويىدۇ. ھېلېنا ئىشىك يوچۇقىدىن ھىتلېرنىڭ ۋايسىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.

چەتئەل گېزىتلىرى ميۇنخېن قوزغىلىڭى توغرىسىدا بەس-بەس بىلەن بۇرمىلانغان خەۋەرلەرنى يوللاش بىلەن مەشغۇل ئىدى: نيۇيورك شەھىرىدە بۇ ۋەقەنى قۇراللىق قوزغىلاڭ دەپ ئاتىشىپ، ھىتلېر بۇ قوزغىلاڭدا ئاساسلىق رول ئويىنىغان دەپ خەۋەر يازىدۇ. رىمدا (كۇرت لۈدېك يەنە بىر قېتىم ھىتلېرغا ۋاكالىتەن مۇسسولىن بىلەن مۇزاكىرە قىلغان)، چۈش ۋاقتىدا ھەر قايسى گېزىتلار “شاھزادە رۇپرېچت ئىنقىلابى پارتىيىگە ئەزا بولۇپتۇ” دەپ يازىدۇ.
10-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، قوزغىلاڭچىلار يا قولغا ئېلىنغا يا بولمىسا قېچىپ يۇشۇرۇنغان ئىدى. گەرچە تېگېرنسېدا قىسىلىپ قالغان ھېس ئاپتوموبىلسىز قالغان بولسىمۇ ئاخىرىدا ئۇ ئوبىكتىۋى ئىلسە پرۆلغا تېلېفون قىلىش پۇرسىتىنى تېپىپ گۆرۆدىكىلەردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتىدۇ. ئۇنىڭدىن بىرەر ماشىنا تېپىپ خاۋسخوفېرنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيۇشى مۇمكىنمۇ دەپ سورايدۇ. ئىلسې ۋېلىسىپىتلىق ميۇنخېندىن ئۇنىڭغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ يەر ميۇنخېندىن 30 چاقىرىم يىراقتىكى بىر يەر بولغاچقا، ھېس بىلەن بىرگە شەھەرگە قايتىپ كېلىشى ئاسان ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇلاردىن بىرسى ۋېلىسىپىتلىق بىر مەزگىل مېڭىپ ۋالېسىپىتنى يول بويىغا تاشلاپ قويۇپ ئالغا كىتىۋېرەتتى. يەنە بىرسى ۋېلىسىپىت بار يەرگىچە مېڭىپ كېلىپ ۋېلىسپىتلىق ئالدىدا ماڭغاندىن ئۆتۈپ ۋېلىسىپىتنى بىر دەرەخقە يۆلەپ قويۇپ كەينىدىكىسىگە تاشلاپ كىتىۋىرەتتى (بۇ ھېسنىڭ پىلانى ئىدى). ئەنە شۇنداق نۆۋەتلىشىپ ۋېلىسىپىت مىنىپ يۈرۈپ ئاخىرى باۋارىيىنىڭ مەركىزى بولغان ميۇنخېنغا كېلىۋېلىپ پروفېسسور خاۋسخوفېرنىڭ ئۆيىگە يېتىشىدۇ. گەرچە پروفېسسور ئۇلارنىڭ قوزغىغان بۇ قېتىمقى قوزغىلىڭىنى “ئاخماقانە بىر ھەرىكەت” دەپ قارىسىمۇ يەنىلا بۇ قاچقۇننى ئۆيىدە ساقلاشقا ماقۇل بولىدۇ. پروفېسسور، گەرچە ھېس دېگەن بۇ ئادەمنىڭ بىر مۇنچە يېتەرسىزلىكلىرى بولغاندەك قىلسىمۇ ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرى، يەنى ئۇنىڭ ئەقىللىق بولغانلىقى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ قەلبى ۋە مىجەزى ئۇنىڭغا ياقاتتى. شۇڭا پروفېسسور ھېسنى بەرىبىر ياخشى كۆرەتتى. ھېسنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولىدۇ؛ ئەگەر گۆرۆدىكىلەرنى يوقۇتۇپ قويمىغان بولسا بەلكىم بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى دەپ ئويلايتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچىمۇ بولىدۇ. ئەمما پروفېسسور خاۋشوفېر مىسال كەلتۈرۈپ چىڭ تۇرۇپ سۆزلىگەچكە، ئۇنىڭ ئۆلىۋېلىش خىيالىنى ئاخىرى كاللىسىدىن چىقىرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭغا، بېرىپ تەسلىم بول دەپ نەسىھەت قىلىدۇ. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى ھېس ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايتتى. بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ، پروفېسسور خاۋشوفېرنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ يېقىن بىر دوستى بىلەن شەھەر سىرتىدا بىر يەرگە مۆكۈنىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاغرىپ يېتىپ قالغان سۆيگۈنى ئىلسېغا قاراش ئۈچۈن ئادەتتىكىچە ۋېلىسىپىتلىق شەھەرگە قايتىپ كېلىدۇ.174

7
ئۇففىڭدا، ھىتلېرنىڭ غەم ئەندىشىلىك ئۇيقىسىز كېچىلىرى داۋام قىلماقتا. خانفىستايىنگىلمۇ تېخىچىلا ئۆيىگە قايتمىغان ئىدى. ھىتلېر ئاغرىق ئازاۋىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئۆي ئىگىسىنىڭ ئەنگلىيە پاسونىدىكى ساياھەت زىلچىسىنى ئۈستىگە چىڭ يۆگەپ ياتقان بولسىمۇ يەنىلا كۆزىگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس. ھىتلېر، ھېلېنا خانفىستايىنگىلنى يېنىغا چاقىرتىپ، جىددى قۇتقۇزۇش خادىمىنى ميۇنخېنغا بېرىپ بېچستېيىننى تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ئىۋەرتكەنلىكىنى، ماشىنىسىنى تېپىپ ئەكىلەلىسە ئاۋسترىيىگە ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھىتلېرنىڭ مۆرىسىنى تولۇق ساقايتىش ئۈچۈن كەسىپدېشى بولغان داڭلىق دوختۇر ساۋېربرۇخنىڭ ئەستايىدىل ئىشلەيدىغان ياردەمچىسىنى تېپىپ كېلىش ئۈچۈن دوختۇر شۇلتزمۇ شەھەرگە قايتقان ئىدى.
ئەتىسى، ۋاقىت بەكلا ئاستا ئۆتىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى. بۇنىڭ تەسىرىدە ھەتتا ئايال خىزمەتچىلەرمۇ جىددىلىشىپ تاماققىمۇ ئولتۇرالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەندىلا 3 ياشقا كىرگەن كىچىك ئېگونلا ئادەتتىكىدەك ئويناپ-كۈلۈپ يۈرەتتى. شۇڭا ئۇ يەردىكىلەر بۇ بالىنى تالاغىمۇ چىقارماي ئۆي ئىچىگە سولاپ قويۇشىدۇ. بولمىسا بۇ سەبىي بالا تالاغا چىقىپ خالايىققا، ئادولف تاغام بىزنىڭ ئۆيدە دەپ ماختىنىپ ۋارقىراپ يۈرىشى مۇمكىن. چۈشكە يېقىن، دوختۇر شۇلتىز داڭلىق كەسىپدېشىنىڭ ياردەمچىسىنى باشلاپ يېتىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئىككىسى بىرلىشىپ ھىتلېرنىڭ بىلەك-مۆرىلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئەھۋالنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. شۇڭا، ئۇلار تېڭىقىنىلا ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. ھىتلېر، شۇلتىزغا تەلىمات بېرىپ، ئۆزى يوق ۋاقىتلاردا تەشكىلات ئىشلىرىغا درېكسلېر مەسئۇل بولۇپ تۇرىشىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ قويىشىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھېس ۋە لۇدېندورف قاتارلىق كىشىلەرنىمۇ، ئەگەر ئۇلار ساق قالغان بولسا بۇ ئىشتىن خەۋەردار قىلىپ قويىشىنىمۇ ۋەزىپە قىلىپ تاپشۇرىدۇ.
دوختۇرلار قايتىپ كەتكىنىدىن كېيىن ھىتلېر ئۆي خوجايىنى خانىمغا، يولدىشىڭىزدىن خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمىدى دەپ قايتا-قايتا تەسەللى بېرىدۇ. ئاندىن ئۇ، سەپداشلىرىنىڭ بېشىغا نېمە ئىشلار كەلگەنلىكىنى ئويلاپ پەقەتلا خاتىرجەم بولالماي قالىدۇ. ئەگەر ئۇ شۇ كۈنى ئاخشىمى ئازىراق بولسىمۇ ئۇخلىغان ئىدى، ئەمما تاڭ سەھەردە يېقىندىكى چېركاۋدىن ئاڭلانغان قۇلاقنى يارغۇدەك قوڭغۇراق ئاۋازى ئۇنىڭ كۆڭلىنى قايتا پاراكەندە قىلىۋېتىدۇ. ئۇ كۈنى چىسلاغا 11 بولۇپ، ھەپتىگە يەكشەنبە ئىدى. ھىتلېر چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىلا ئاندىن ئوتتۇرلۇقتا كۆرۈنىدۇ. قولى بوينىغا تاختاي تېڭىپ ئېسىپ قويۇلغان بولغاچقا كىيىملىرىنىمۇ كېيەلمىگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ خانفىستايىنگىلنىڭ قېنىق كۆك رەڭلىك گۈللۈك مونچا يېپىنچىسىنىلا ئۈستىگە ئورىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ مۇمدەك ساغرىپ كەتكەن چىرايىدىن سەل-پەل كۈلكە چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ تۇرقىنى كۆرسىتىپ، مەن ھازىر رەسمى بىر ساختا رىم دېپوتاتىغىلا ئوخشاپ قالدىم دەپ چاخچاق قىلىدۇ. ئۇ يەنە ھېلېناغا، بىر ۋاقىتلاردا داداممۇ مېنى ئۇنىڭ مۇشۇنداق بىر كىيىمىنى كىيىۋالغىنىمنى كۆرۈپ شاڭخو قىلىپ قاتتىق كۈلگەن ئىدى دەيدۇ.
چۈشتىن كېيىن، ھىتلېر تېخىچىلا خاتىرجەم بولالماي مېھمانخانا ئۆيىدە ئۇياقتىن بۇياققا تىنماي مېڭىپ يۈرىدۇ. بېچستېيىن ماشىنىنى تېپىپ كېلەلەرمۇ دەپ بەكلا غەمدە قالىدۇ. نېمىشكە شۇنچە كېچىكىدۇ؟ نەچچە سائەتكە قالماي، ھەتتا شۇ بىر قانچە مىنۇت ئىچىدىلا ساقچىلار ئىزىمنى سۈرۈشتە قىلىپ ئۇففىڭنى تېپىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قاتتىق ئەنسىرەيتتى. ئاخشىمى گۈگۈم ۋاقتىدا، ئۇ ھېلېنادىن پەنجىرىلەرنىڭ تاقاقلىرىنى چۈشۈرۈپ پەردىنى ئېتىۋىتىشىنى ئۆتۈنىدۇ. ئاندىن، ئۇ ئۆي ئىچىدە تىنماي ئالدى-كەينىگە مېڭىپ يۈرىدۇ. سائەت بەشتىن ئۆتكەندە تېلېفون جىرىڭلايدۇ. ھېلېنانىڭ قېينى ئاپىسى تېلېفون قىلغانىكەن. ئۇمۇ يېقىندىكى بىر داچىدا تۇراتتى. خانفىستايىنگىلنىڭ ئاپىسى تېلېفوندا ئۆيىنى ساقچىلار تىنىتىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىۋاتقىنىدا، بىر ساقچى ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭ قولىدىن تۇرۇپكىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇزماي تېلېفوندا ئۆزى ھېلېنا بىلەن گەپلىشىدۇ: مەن ھازىر ئادەملىرىمنى ئېلىپ يېنىڭىزغا بارىمەن.
ھېلېنا تروپكىنى قويۇپ پەلەمپەيلەرنى ئالدىرىماي باسقىنىچە ئۈستى قەۋەتكە چىقىدۇ. ھىتلېرنىڭ ئۈستىدە يەنىلا بايىقى كېلەڭسىز مۇنچا يېپىنچىسى بار ئىدى. ئۇ كارىدوردا تۇرۇپ ياخشى خەۋەر بولىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. ھېلېنا پىچىرلىغاندەك پەس ئاۋازدا، ساقچىلار ھازىرلا بۇ يەرگە كېلىدىغان بولدى دەيدۇ. “ھىتلېر شۇ ھامان ھۇلۇقۇش ئىچىدە قالىدۇ. ئۇ تىتىرەپ چىققان ئاۋازدا:175 'مانا دېمىدىممۇ، ئەندى ھەممە ئىش تۈگەشتى، داۋاملىق بۇنداق مۆكۈنۈشنىڭ پايدىسى يوق!' دېگىنىچە تارتمىدىن تاپانچىسىنى ئالىدۇ.”
“نېمە قىلماقچىسىز؟” ھېلېنا بېرىپ ئۇنىڭ قولىدىكى تاپانچىغا ئېسىلىدۇ. ھىتلېرمۇ تاپانچىسىنى چىڭ تۇتىۋالماي قولىنى بوشىتىدۇ. ھېلېنا تاپانچىنى ئېلىۋېلىپ “بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا دۈچ كەلسىڭىزلا ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىڭىزنى يوقۇتۇپ قويىدىكەنسىز. — دەيدۇ ئۇنىڭدىن رەنجىپ، — كەينىڭىزدىن ئەگىشىپ مېڭىۋاتقان قالغان ئادەملەرنى ئويلاڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزگە ئىشەنچ قىلماقتا. ئەندىلىكتە ئۇلارنى يالغۇز قويسىڭىز، ئۇلار سىزگە بولغان بارلىق ئىشەنچىلىرىدىنمۇ مەھرۇم بولىدۇ. — دەيدۇ ھېلېنا تەمكىن ھالدا، — سىز قانداقمۇ ۋەتەن قۇتقۇزىمىز دەپ شۇنچە ئىشىنىپ كەينىڭىزدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان شۇنچە كۆپ كىشىنى ئۈمىتسىزلىك ئىچىگە تاشلاپ قويۇپ ئۆزىڭىزنى ئېتىۋالالايسىز؟” ھىتلېر ئۇنىڭ بىلەن بىرگە لاسسىدە ئولتۇرۇپ ئايالنىڭ قولىغا بېشىنى قويىدۇ. ھېلېنا چاندۇرماي ئورنىدىن تۇرۇپ قورالنى يۇشۇرۇشقا يەر ئاختۇرۇپ ياندىكى ئۆيگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ خىيالىغا ئۇن ساندۇقى كېلىپ، تاپانچىنى ئۇن ئىچىگە كۆمۈپ دەرھال ھىتلېرنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقىدۇ. ھىتلېر ھېلىغىچە بېشىنى چۆكۈرۈپ ئولتۇراتتى. ھېلېنا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەگەر سىز قاماققا ئېلىنسىڭىز، پارتىيە نېمە ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىشى كېرەك دەپ ئويلايسىز؟ مېنىڭچە سىز بۇلارنى يېزىپ چىقىپ يېقىن سەپداشلىرىڭىزغا تاپشۇرۇپ كېتىشىڭىز كېرەكقۇ دەيمەن؟ سىز بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قانچە ۋاراق قەغەز ئۈستىگە ئىمزايىڭىزنى قويۇڭ يېتەرلىك. قالغان گەپلەرنى مەن سىز ئۈچۈن بىر-بىرلەپ يېزىپ چىقاي. پۈتكەندىن كېيىن مەن ئۇلارنى ئادۋوكاتىڭىزغا تاپشۇراي، سىزنىڭچە قانداق؟ دەيدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسلەتكىنى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتقاندىن كېيىن يوليورۇقىنى ئېيتىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ئاماننى سودا تىجارەت كىرىم-چىقىم ئىشلىرىنى شۇنىڭدەك پارتىيە ئىچى مالىيەسىنى چىڭ تۇتىشىنى تاپىلايدۇ؛ روزېنبېرگنى “پارتىيە گېزىتىنى ياخشى باشقۇرۇشىنى” تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ دېگىنى بۇرۇن دوختۇر شۇلتىز ئارقىلىق يوللىغان يوليورۇقىنىڭ دەل ئەكسىچە بىر يوليورۇق ئىدى. ئۇ چاغدا “بۇ ھەرىكەتكە سەن رەھبەرلىك قىل” دېمىگەن ئىدى. خانفىستايىنگىلنى چەتئەلدىكى مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتى بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىشىنى تاپىلايدۇ. ھېس بىلەن باشقا رەھبەرلەرنى سىياسىي پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تاپىلايدۇ. ھىتلېر بۇ يوليورۇقلارغا قول قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ھېلېنا بۇ ھۆججەتلەرنى ئۇن ساندۇقى ئىچىگە سۇقۇپ قويىدۇ.
سەل ئۆتكەندىن كېيىن سىرتتا ماشىنا ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. ئارقىدىنلا ئۈزۈك-ئۈزۈك ئىشىك قوڭغۇرىقى چېلىنىدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ ساقچى ئىتىنىڭ قاۋىغان ئاۋازىمۇ ئاڭلىنىدۇ. يەنە ئازىراق ۋاقىت ئۆتۈپ ئىشىكنىڭ ئۇرۇلغان ئاۋازى كېلىشكە باشلايدۇ. ساقچى ئەدەپ بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرىدۇ. ئاندىن كەچۈرۈم سورىغاچ 'ئۆيىڭىزنى ئاختۇرۇش مۇمكىنمۇ؟' دەپ سورايدۇ. ھېلېنا ساقچى ئەمەلدارىنى باشلاپ ئۈستى قەۋەتكە چىقىپ مېھمانخانا ئىشىكىنى ئېچىپ كۆرسىتىدۇ. ھىتلېرنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاش كىيىمى بىلەن مونچا يېپىنچىسى، مىدىرمۇ قىلماي تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇشتۇمتۇت ھىتلېرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، ساقچى ئەمەلدارىنى چۈچىتىۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچ قايسى ھىتلېرغا يېقىنلىشىشقا پېتنالمايدۇ. ھېلېنا ئۇلارنى ئۆيگە كىرىڭلار دېگىنىدىن كېيىنلا ساقچىلار ئۆيگە كىرىدۇ. ئۇلار ئۆيگە كىرىشى بىلەن ھىتلېر پۈتۈنلەي ئېغىر بېسىق ھالىغا كېلىپلا قالماي، “يەنە قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە ھۆكۈمەت بىلەن ئەمەلدارلارنى قارغاشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۈزۈلمەي سۆز يېغىپ، چىرايىمۇ ئىنتايىن سۈرلۈك ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى.” تېخى باياملا ئىشىك ئېچىلغاندا ياش بىر ساقچى لېتىناتى بىلەن ئىككى ساقچى ئەمەلدارىنى كۆرۈپ قەددىنى روسلىيالماي تۇرغان ھىتلېر، ئەندىلىكتە پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىپ بولغان ئىدى. ئۇ تۇيۇقسىزلا گېپىنى توختىتىپ، لېتىناتقا: ۋاقىتنى زايا قىلماي ۋەزىپەڭلارنى بەجا كەلتۈرۈڭلار دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. ئۇ لېتىنات بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولغا چىقىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ كۈنىسى ھاۋا بەكلا سوغۇق ئىدى. ئەمما ھىتلېرنىڭ پەلتوسىمۇ يوق. ئۇ خانفىستايىنگىلنىڭ پەلتوسىنى كىيىپ ئاندىن يولغا چىقىڭ دېگەن مەسلىھەتكە كۆنمەي، بايىقى كۆك رەڭلىك مونچا يېپىنچىسىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ھەربى پەلتوسىنى ئارتىپلا كىيىۋالغان ئىدى. لېتىنات ئۇنىڭغا ھەربى پەلتوسىغا تۆمۈر كرىست مېدالىنى تاقىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ئۇلار بىرلىكتە پەلەمپەيدىن ئاستى قەۋەتكە چۈشىۋاتقىنىدا ئېگون ئەكىلەپ يۈگۈرگىنىچە ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىدۇ. “سىلەر دۈشمەنمىدىڭلار، ئادولف تاغامنى تۇتۇپ نېمە قىلماقچىسىلەر؟” دەپ ۋارقىرايدۇ.176 ھىتلېر بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ بالىنىڭ يۈزىنى سىلاپ قويۇپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ھېلېنا ۋە ئۆي خىزمەتچىسى بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ خوشلىشىدۇ. ئاندىن ئىتتىك چىقىپ كېتىدۇ. ھېلېنا دېرىزە تۈۋىگە كەلگەندە ساقچى ماشىنىسىنىڭ رايون مەركىزى بولغان ۋېيلھېيم تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ھىتلېرغا ئاخىرقى قېتىم بىر قارىۋالىدۇ: ھىتلېرنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.
ھىتلېر ئاخشىمى سائەت ئونغا چارەك قالغاندا ۋېيلھېيمغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئۇ يەردە ئۇنى رايونلۇق ئىشخانىغا ئېلىپ كىرىپ رەسمى سوراق قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مىيونخىننىڭ غەربىگە 40 چاقىرىم كېلىدىغان لاندسبېرگ تۈرمىسىگە قاماش ئۈچۈن ئالدىراش ئېلىپ مېشىدۇ. بۇ چاغدا چىلەكتىن قويۇلغاندەك قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان، قاتتىق بورانلىق بىر ۋاقىت ئىدى. قاتتىق يامغۇرلۇق بوراندا ھەتتا ئاپتوموبىلمۇ لەپەڭشىپ كېتىۋاتاتتى. يول بۇيى ئەگرى-بۈگرى يوللاردا بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى. ھىتلېرنىڭ روھى چۈشكۈن، چىرايى تۇتۇلغان غەم ئىچىدە ئىدى. ئۇ كېتىۋېتىپ لۇدېندورفنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇپ كەتكەنلىكىنى سورىغاندىن باشقا (ئۇ ۋاقىتلاردا لۇدېندورف قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە مەن سىرتتىن كۈزىتىپ تۇرغانلا بىرسى ئىدىم دەپ كاپالەت بېرىدۇ)، يول بۇيى ئۈن چىقارماي ئولتۇرىدۇ.
لاندسبېرگ تۈرمىسىدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كېلىپ ھىتلېرنى قۇتقۇزۇپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرمە باشلىقى پۈتۈن ئېھتىيات تەدبىرلىرىنى ئېلىپ بولغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ھىتلېرنى ھەممە تەرىپى سىم تور ۋە تۆمۈر رىشاتكىلار بىلەن ئورالغان تۈرمىگە ئېلىپ كىرگەن ۋاقتىدا پوستا تۇرىدىغان ئەسكەرلەر تېخى كەلمىگەن ئىدى. ئۇنى قەلئە رايونىدىكى 7-نومۇرلۇق كامىرغا سولايدۇ. بۇ كامىر، ئىچىدە مېھمان كۈتۈش بۆلۈمى بولغان بىردىن-بىر كامىر بولۇپ، بۇ “مېھمان كۈتىۋېلىش بۆلۈمى” گە پەقەت بىرلا پوست قويۇشقا بولغىدەك تار بىر يەر ئىدى. بۇ كامىرنىڭ ئالدىنقى خېرىدارى ئېيسنېرغا سۈيىقەست قىلغان قاتىل كونت ئاركو ۋاللېي ئىدى. ئۇنى تېخى يېقىندىلا باشقا بىر كامىرغا يۆتكەشكەن ئىدى.
ھىتلېرغا قارايدىغان گۇندىپاي فرانز ھېمرىخ، دائىم دېگىدەك ھىتلېرغا پەلتوسىنى سېلىشىغا ياردەملىشىپ تۇراتتى. “ئۇ يىمەي-ئىچمەي كارىۋاتتىن چۈشمەي يېتىۋالغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئىشىكىنى زىنجىرلەپ بولغۇنۇمدىن كېيىن مېنى سىرتقا چىقىرىۋېتىشتى.” ھىتلېر كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغىنىدا شىمالى گېرمانىيىدىكى يالغۇز كىشىلىك تار كارىۋاتتا ھەر تۈرلۈك خىيالى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەمرالىقىدا كۆزى ئېچىلىپ كەتكەن كۈنلەرگىچە ياتقان ئىدى. ئەمما جەنۇبىي گېرمانىيىدىكى بۇ يەردە بولسا، ئۇنىڭغا تۆت تامدىن باشقا ھەمرا يوق ئىدى. شىمالى گېرمانىيىدىن باشلاپ جەنۇبىي گېرمانىيىگە كەلگىچە ئۇ گېرمانىيىنى پۈتۈن بىر ئايلىنىپ چىقىپ، مانا ئەندى ھەرىكەتنى باشلىغان نوقتىسىغا قايتىپ كەلگەن ئىدى.
يېقىندىلا «ئۈچىنچى ئىمپىرىيە» دېگەن كىتاۋىنى ئېلان قىلغان يازغۇچى ئارتۇر مۆللېر ۋان دېن برۇك قوزغىلاڭ خەۋىرىنى ئالغىنىدىن كېيىن “ھىتلېرنىڭ يامان گېپىنى قىلىشقا توغرا كەلسە يەتكىچە گەپ تاپقىلى بولىدۇ. ئەمما كىشىلەر ئۇنداق قارىمايتتى. خەلق ئۇنى گېرمانىيە ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن كۈرەش قىلغان ئادەم دەپ قارىشاتتى. … ھىتلېرنى ۋەيران قىلىۋەتكىنى، ئۇنىڭدا بار بولغان پرولېتارىياتقا خاس ئەسلى قىياپەت ئىدى. ئۇ قانداق قىلغاندا مىللەتچى سوتسىيالىزم ئۈچۈن نەزەرىيىۋىي ئاساس تىكلەپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن. ئۇنى تەلۋىلىكنىڭ سىموۋۇلى دېسەك قىلچە ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز” دەيدۇ.
بۇ كۈنلەردە كىشىلەر ھىتلېر ھەققىدە گەپ قىلىشقانلىرىدا ئۆتكەن زامان پىيىلى بىلەن سۆزلىشىدىغانغا ئۆزگەرگەن ئىدى. كىشىلەر شۇندىن باشلاپ ھىتلېرنى گېرمانىيىنىڭ بىر تۈرلۈك سىياسىي كۈچى دەپ قارىماس ھالغا كەلگەن ئىدى. ئەندى كىشىلەر ئۇنى پۈتۈن ئۇشىقىنى ئېتىپ بولغان، پاك-پاكىز ئۇتتۇرىۋەتكەن بىر قىمارۋازغا ئوخشىتىشاتتى. “ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخى رەسمى ئاچا يول ئاغزىغا كېلىپ قالدى. — دەپ يازىدۇ مۆللېر، — يەر شارىدا، بىزنىڭ ھېچ بىر ئىشىمىز ئوڭۇشلۇق بولماي كەلدى. تۈنۈگۈنمۇ ئوڭۇشلۇق ئەمەس ئىدى، بۈگۈنمۇ ئوڭۇشلۇق بولمىدى. بىز ئەسلەپ كۆرىدىغان بولساق، بۇ بىر ئەۋلات جەريانىدا ھېچ بىر ئىشىمىز ئوڭۇشلۇق بولغان ئەمەس. … بىزنىڭ ھەر بىر پىلانىمىز باشلانغان كۈنىدىن تارتىپلا ناتوغرا بولۇپ كەلدى. … پۈتۈن قىلغانلىرىمىز باشتىنلا گويا خاتا قىلىنغاندەك ئىدى. بىز بۇ خاتانى تۈزىتىشكە ئۇرۇنۇپ باقتۇق، ئەمما تۈزىتىمەن دەپ ھەممىنى ۋەيران قىلىپ كەلدۇق. … بىزنىڭ بۇ ئىمپىرىيىمىزدە قانداقتۇ بىر گۇناھ تەغدىرى بىزگە ھەمرا بولۇپ يۈرسە كېرەك.”
شۇنداقتىمۇ، ميۇنخېندا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغان بىر بۇيرۇق بارلىق ناتسىستلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرەتتى: “مىللى ئىنقىلابىمىزنىڭ بىرىنچى باسقۇچى تاماملاندى. بۇ باسقۇچتا پىلان بويىچە گېرمانىيە ھاۋاسى تازىلاندى. بىز قەدىرلىك فۈھرېرىمىز ئادولف ھىتلېرنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن ۋەتەن ساتقۇچلارنىڭ قارشى تۇرغان،177 ميۇنخېندا سەپداشلىرىمىزدىن بەرپا قىلىنغان پولات قورغان، ۋەتەن سۈيەر تەشكىلاتىمىز بولغان 'پىدائىيلار باتالىئونى'، يولىمىز ھەر قانچە مۇشەققەتلىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بىر بولۇپ ئۇيۇشۇپ مىللى ئىنقىلابىمىزنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى باشلايمىز.”

ھىتلېر ياش ۋاقىتلىرىدا ئىككى قېتىملىق ئېغىر زەربىگە دۈچ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى ۋيېننا گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئۇنى مەكتەپكە قوبۇل قىلمىغانلىقى ئىدى. يەنە بىرسى بولسا ئاپىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ئىدى. كېيىن، ئۇ يەنە ئىككى قېتىملىق ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ: بىرىنچىسى زەھەرلىك گاز بومبىسى زەربىسى بىلەن قارغۇ بولۇپ يېتىپ قالغىنىدا گېرمانىيىنىڭ تەسلىم بولىشى ئىدى. يەنە بىرسى بولسا قوماندانلىق بىناسى ئالدىدا دۈچ كەلگەن بۇ بالا-قازا. ئەڭ ئاخىرقى زەربىگە ئۇچرىغىنىدىن كېيىن، پەۋقۇلئاددە ئىرادىلىك بىرسىلا بۇنداق ئېغىر زەربە يېگىنىدىن كېيىن قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ سادىر قىلغان خاتالىقلىرىدىن تەجرىبە ساۋاق يەكۈنلەپ، غايە يولىدا قايتا ئالغا ئىلگىرلىيەلىشى مۇمكىن. بۇ بىر قانچە ئاي جەريانىدا دۇمباقچى بولۇپ رول ئويناپ كېلىۋاتقان ھىتلېر، ئەندى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، فۈھرېر بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ھىتلېرغا ئورۇن بوشاتقان ئىدى.177


ئۈچىنچى بۆلۈم
تاۋلىنىپ يېتىلىش

7. لاندسبېرگ تۈرمىسىدە
1923-يىلىدىن 1924-يىلىغىچە181

1

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-24 23:12:01 | ئايرىم كۆرۈش

ئۈچىنچى بۆلۈم
تاۋلىنىپ يېتىلىش

7. لاندسبېرگ تۈرمىسىدە
1923-يىلىدىن 1924-يىلىغىچە181

1
ھىتلېر قولغا ئېلىنغان كۈنىسى سەھەردە، ھېلېنا خانفىستايىنگىل ئامېرىكىلىق مۇخبىر خۇبېرت كنىكېربوكېردىن تېلېفون ئالىدۇ. كنىكېربوكېر، ھېلېنادىن ئايالىم دوروتىي تومپسون بىلەن بىرلىكتە ئۇففىڭغا بېرىپ ئۇنى زىيارەت قىلىشقا بولۇش-بولماسلىقىنى سورايدۇ. ھېلېنا نائىلاج ئۇنىڭ زىيارەت تەلىۋىگە ماقۇل دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھېلېنا قېينى ئاپىسىغا تېلېفون قىلىپ بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇرىدۇ. قېينى ئاپىسىنىڭ دادىسى تەرەپ ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇش دەۋرىنىڭ گېنېراللىرىدىن ئىدى.
قېيناپىسى ئەزەلدىن تارتىپلا ھەر تۈرلۈك ھاياجانلىق ئىشلارغا قىزىقىدىغان بىر ئايال ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىشىغا قاتنىشىۋېلىشنى ئۆزىنىڭ بارلىقىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تېپىلماس بىر پۇرسىتى دەپ بىلگەچكە بۇ پۇرسەتنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى ھەرگىز خالىمايتتى. … شۇڭا بۇ ئانا ئىنتايىن خوشال بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ مۇخبىردىن ھەر تۈرلۈك سۇئاللارنى سورايتتى؛ ئۆزىنىڭ بۇ يەردىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنىمۇ سۆزلەپ كېتىدۇ. “مەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي جىم ئولتۇرىۋالغىنىم ئۈچۈن، دوروتىي تومپسون مېنى 'ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلاشمايدىغان تىپىك نېمىس ئائىلە ئايالى بولسا كېرەك' دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قاپتۇ.” بۇ مۇخبىرنىڭ بۇنداق ئويغا كەلگەنلىكىنى ئۇزۇنغا قالماي ئېلان قىلغان بىر قېتىملىق ماقالىسىدىن ھېس قىلىش مۇمكىن (ھېلېنا خانفىستايىنگىلنىڭ سالاپەتلىك كۆرۈنىشى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قەينى ئاپىسى بىلەن كىچىك قىزىنىڭ تىنماي ۋىتىلداپ چىقىشى بۇ تارىخشۇناستا خاتا تەسىرات پەيدا قىلىپ قويغان — ئا. ھ. ئى). ئۇلار ماقالىسىدا، ھىتلېر ئۇففىڭدا تۇرغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا خانفىستايىنگىلنىڭ ئاپىسى بىلەن ھېلېنانىڭ سىڭلىسى قارىغان دەپ يازغان.
ئۇلار بۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن خانفىستايىنگىلنىڭ داچىسىغا قايتىپ كېلىدۇ. ھېلېنا، كنىكېربوكېرنىڭ ئۆي ئىچىنى رەسىمگە تارتىۋاتقان پەيىتتىن پايدىلىنىپ ھىتلېرنىڭ تاپانچىسى بىلەن ھۆججەتلىرىنى تىقىپ قويغان يېرىدىن ئېلىپ چامادانىغا سېلىۋېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ميۇنخېنغا قايتىدۇ. ئۇ يەردە ھىتلېرنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشىدۇ. “بۇلار ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ھۆججەتلىرى. — دەيدۇ ھېلېنا ئادۋوكاتقا، — بۇلارنى تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە قاراپ بىر نېمە دېيىشەرمىز.”
لاندسبېرگ دېگەن بۇ كىچىك يەر500 يىلدىن بېرى ئۆزگەرمەي ئۆز پىتى ساقلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ جاي لېخ دەريا ۋادىسى ئۈستىگە قىستىلىپ قالغان بىر يەر بولۇپ، ئىككى تەرىپى قۇيۇق ئورمانلىق ۋە تىك قىيالىق تاغلار بىلەن قورشالغان ئىدى.182 ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن بېرى بۇ جاي ئىزچىل تۈردە سۋابىيىلىكلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن قوغدىنىدىغان قورغانلىق رولىنى ئويناپ كەلگەن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ جايدا نۇرغۇنلىغان قېدىمى شەھەر قورغانلىرى بىلەن تاغ ئۈستى قەلئەلەر ساقلىنىپ قالغان. ميۇنخېندىن بۇ تۈرمىگە بارماقچى بولغانلار چوقۇم لېيچ دەرياسىدىكى ياغاچ كۆۋرۈكتىن ئۆتىشى شەرت ئىدى. لېيچ دەرياسىنى ئەسلىدە كىچىك بىر ئۆستەڭ دېسىمۇ بولاتتى. لاندسبېرگ تۈرمىسى ئەنە شۇ دەريانىڭ قىرغىقىدىكى قىيالىق تاغ ئۈستىگە سېلىنغان بىر قەلئە ئىدى. بۇ تۈرمە نۇرغۇنلىغان كۈلرەڭ قۇرۇلۇشلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، تۆت ئەتراپى قېلىن ھەم ئىگىز تاش قورغانلار بىلەن ئورالغان. بۇ جاي ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپقان بىر يەر بولۇپ، بىر قىسمى ئادەتتىكى جىنايەتچىلەرنى قاماشقا، يەنە بىر قىسمى بولسا سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قاماشقا ئىشلىتىلەتتى.
سىياسىي جىنايەتچىلەر رايونى 7-نومۇرلۇق كامىردىكى جىنايەتچى، يەنى ھىتلېر تاماق يىگىلى ئۇنىماي ئاچ يېتىۋالىدۇ. كامىر ئىچىدە ھىتلېر تۈگۈلۈپ ياتقىنىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى. ئۇ، ھەرگىزمۇ كامېرنىڭ تارلىقى ياكى بىئارام بولغىنىدىن بۇنداق يېتىۋالغان ئەمەس. ھىتلېرنىڭ ماننېرخېيمدا تۇرىۋاتقىنىدا ياتقان بۆلۈمى بۇ كامېرنىڭ يېرىمىچىلىكمۇ كەلمەيتتى. ھەتتا تېرشستراس كوچىسىدىكى ئۆيىمۇ بۇ كامىردىن قاراڭغۇ ئىدى. كامىردىكى ئاق سىرلىق سىم كارىۋات سەل تارىراق بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ يالغۇزلۇقنى خالايدىغان مىجەزى ئۈچۈن ئالغاندىمۇ يەنىلا كۆپ راھەت ئورۇن دېيىشكە بولاتتى؛ ئىككى قاتلىق تۆمۈر رىشاتكىلىق پەنجىرىنى ئالىدىغان بولساقمۇ، ئۆيگە يېتەرلىك كۈن نۇرى چۈشۈپلا قالماي، پەنجىرىدىن كۆرۈنىدىغان ئورمانلىق ۋە چاتقاللىقلار مەنزىرىسىمۇ ميۇنخېندىكى ئۆيى ئالدىدىكى مەنزىرىدىن مىڭ مەرتىۋە ياخشى ئىدى.
ھىتلېرنىڭ سول بىلىكى قاتتىق ئاغرىپ ئۇنى پەقەتلا ئۇخلاتمايدۇ. تۈرمە دوختۇرى برىنستېينېر “ئۇنىڭ سول قولى مۆرىسىدىن چىقىپ كەتكەن، يوقۇرى بىلەك سۈڭىكىگە دەز كەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال نېرۋا تومۇرلىرىنى زىدىلەپ ئاغرىق پەيدا قىلغان” دەپ دېئاگنوز قويىدۇ. ئۇنىڭ يارىسىنى داۋالاشنى توختىمىغان بولسىمۇ، دوكتور برىنستېينېرنىڭ قارىشىچە ھىتلېر “ئۆمۈر بۇيى سول بىلىكىنىڭ پېيى تارتىشىپ سىقىراپ ئاغرىشتىن قۇتىلالماسلىقى مۇمكىن” ئىكەن.
شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ روھى پەسكويغا چۈشۈپ قېلىشىغا بىلىكىنىڭ ئاغرىقى سەۋەپ بولغان بولماستىن بېرلىنغا يۈرۈش قىلىش ئىشىنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋەت بىلەن نەتىجىلىنىشىمۇ ئۇنىڭ روھىي چۈشكۈنلۈكىگە سەۋەب بولغان بىردىن-بىر سەۋەب ئەمەس ئىدى. ئۇنى قىيناۋاتقان باشقا ئىشلارمۇ بار ئىدى، ئۇ، خائىنلارنىڭ خىيانەت قىلىشىغا، يەنى ئۈچ كاتىۋاشنىڭ خىيانىتىگە، قۇرۇغلۇق ئارمىيىسىنىڭ، ھەتتا تەغدىرىنىڭمۇ ئوڭغا خىيانەت قىلغانلىقى ئېسىگە كېلىۋېلىپ ئازاپلانماقتا ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە قوماندانلىق بىناسى ئالدىدىكى تارمار قىلىنىشىنىڭ گېزىتلاردا “چاكىنا پىۋىخانا ئىنقىلابى”، “باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قىياپىتىدە ئۇرۇش ئويۇنى ئوينىشى” دەپ مازاق قىلىنىپ ھۇجۇم قىلىنىشىمۇ ئۇنىڭغا بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى. چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇنى “لۇدېندورفنىڭ غەلۋىچى ئۇششاق ئاديۇتانتلىرىدىن بىرى”، خاندانلىق سىياسىي ئۆزگۈرۈشىنىڭ قولچۇمىقى دەپ تەسۋىرلىشىمۇ ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەن ئىدى. «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ باش سەھىبىسىدە يەنە ئۇنىڭ سىياسىي ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋىرى بېرىلگەن بولۇپ، “ميۇنخېن قوزغىلىڭى ھىتلېر بىلەن ئۇنىڭ مىللىي سوتسىيالىزمىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلدى” دەپ يازغان ئىدى. ئاچلىققا، جىسمانى ئازاپلىنىشلارغا بەرداشلىق بېرىش مۇمكىن بولغىنى بىلەن، مازاق قىلىنىشلار ئەزەلدىن تارتىپ ھىتلېرنىڭ قاتتىق جېنىغا تىگىدىغان ئىشلار ئىدى.
ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى تۈرمىگە يوقلاپ كەلگەنلەرنى قاتتىق چۈچىتىۋىتىدۇ: ھىتلېر، ئۇرۇغلاپ ياغاچتەكلا بولۇپ قالغان ھەمدە ساغرىپ ھالىدىن كېتىپ قالغان بولۇپ، كۆرگەنلەر ئۇنى تونىيالمىغىدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. “مەن ئۇنىڭ تۆمۈر پەنجىرە ئالدىدا خۇددى قېتىپ قالغاندەك قىمىرمۇ قىلماي ئولتۇرۇپ كېتىشىنى كۆرۈپ بەكلا قورققان ئىدىم” دەيدۇ ئانتون درىكسلېر كېيىنكى بىر ئەسلىمىسىدە. ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، ھىتلېر بىر قوشۇقمۇ بىر نەرسە يېمىگەن ئىدى. تۈرمە دوختۇرى درېكسلېرغا، ئەگەر مۇشۇ بۇيىچە ئاچلىق ئېلان قىلىشنى داۋام قىلىۋەرگىنىدە پات يېقىندا ھاياتىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. شۇڭا سابىق باش سېكىرتار، بۇرۇن پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا چۈشۈرىۋالغان بۇ تەركىدۇنيا ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قېلىش خىيالىدا قايتىدىن 7-نومۇرلۇق كامىرغا كىرىپ “شارائىت ھەرقانچە ناچار بولسىمۇ بىر قېتىملىق مەغلوبىيەت بىلەنلا ئۈمىدىڭىزنى ئۈزۈپ ھەممىدىن ۋاز كېچىشكە ھەققىڭىز يوق؛ پۈتۈن پارتىيە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن يەنىلا سىزگە قاراشلىق دەپ شۇنچە گەپ قىلغان بولساممۇ، بۇ گەپلىرىم ئۇنىڭ قۇلىقىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى. ئۇ پۈتۈنلەي ئۈمىتسىز بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا مەنمۇ ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىغان ئىدىم. مەن ئۇنىڭغا، ئەگەر سىز بىلەن بىرگە ئالغا ئىلگىرلەشكە ئۇنىمىسىڭىز، ئۇ چاغدا بىز ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆلگىنىمىز ياخشى دېدىم.” شۇ قېتىم درېكسلېر نەق بىر سائەت 45 مىنۇت سۆزلەيدۇ. ئاخىرى ئۇ، “مەن چوقۇم ئۇنى قايىل قىلالىدىم” دەپ ئويلاپ تۈرمىدىن ئايرىلىدۇ.183
بەلكىم، ھىتلېرنىڭ كونا خۇيى تۇتقان بولىشىمۇ مۇمكىن. چۇنكى بىر قانچە كىشى، مەن ھىتلېرنى بۇ ئاچ يېتىۋېلىشتىن قۇتقۇزۇپ قالالىدىم دېيىشمەكتە ئىدى. بۇنداق دېگۈچىلەردىن بىرسى چېخوسلوۋاكىيە “مىللىي سوتسيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسى” نىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ھانس كنىرش ئىدى. ئۇ ھىتلېرنى يوخلاپ بارغىنىدا ئۇرۇغلاپ قۇرۇق ئۇستىخان ھالغا كېلىپ قالغان، روھى ھالىتى ناچارلىشىپ كەتكەن ھىتلېر ئۇنى كۆرۈپ سالام بەرگەنمىش؛ كنىرشمۇ، شۇنچە كۆپ ھىمايىچى توپلىغان بۇنچە چوڭ بىر ئىشنى تاشلاپ يېتىۋېلىشىنى تەنقىت قىلغانمىش؛ ئۇ ھىتلېرغا، ئەگەر سىز بولمىسىڭىز بۇ ئىش شۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىپ پارتىيىمۇ پارچىلىنىپ توزۇپ كېتىشى مۇمكىن دېگەنمىش؛ دەسلىۋىدە ھىتلېر تىنماي باش چايقاپ تۇرىۋالغان بولسىمۇ، كېيىن ئۇ كنىرشتىن “بۇندىن كېيىن مېنىڭدەك پاجىئەلىك مەغلوبىيەتكە ئۇچرىغان بىرسىنىڭ كەينىدىن يەنە كىم ئەگىشىپ ماڭار؟” دەپ غەم قىلغانلىقىنى ئېيتقانمىش؛ كنىرش ئۇنىڭغا، ئەسلىدە بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىۋەتتى دېسەك بولىدۇ، شۇڭا سىز ئىشەنچىڭىزنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭىز كېرەك؛ ئەسلىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇلۇغ داھىلار مەغلوبىيەتلەردىن ساۋاق ئېلىپ غەلىبە قىلىپ كەلگەن دەپ جاۋاب بەرگەنمىش؛ كنىرش، ھىتلېر بۇ دېگەنلىرىمگە قايىل بولغان ئىدى؛ شۇندىن كېيىن تۈرمە دوختۇرىنىڭ تەلىۋىنى قوبۇل قىلىپ بىر تەخسە تاماق يېدى؛ تاماق ئۇنىڭغا شۇنداق تېتىپ كەتكەن ئىدىكى، بەكلا مەززە قىلىپ يەيدۇ، “شۇندىن كېيىن ئۇ، مەن بۇندىن كېيىن كنىرشنىڭ دېگەنلىرىنى ھەرگىز ئېسىمدىن چىقارمايمەن” دېگەنمىش.
بۇ گەپلەرگە قاراپ ھىتلېرنى قۇتقازغان كىشى كنىرش بولىشى ياكى درېكسلېر بولىشى (لۈدېكنىڭ دېيىشىچە)، ۋە ياكى بېچستېيىن خانىم بولىشىمۇ مۇمكىن. ھەتتا ھېلېنا خانفىستايىنگىلنى ھىتلېرنىڭ ئوڭشىلىپ قېلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئالغان بىرسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. چۇنكى، ھېلېنا ھىتلېرغا خەت يېزىپ، مەن ئۇففىڭدا ھەرگىزمۇ لاندسبېرگ تۈرمىسىدە ئۆزىنى ئاچ قالدۇرۇپ ئۆلىۋالسۇن دەپ ئۆزەڭىزنى ئېتىۋېلىشىڭىزغا توسقۇن بولغان ئەمەسمەن؛ سىزنىڭ بۇنداق ئۇرۇنۇشۇڭۇز دۈشمەنلىرىڭىزنىڭ كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىشىڭىز ھېسابلىنىدۇ دېگەن. “بۇ خەت ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە سەۋەب بولغان، — دەيدۇ ئاۋسترىيىدە يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن خانفىستايىنگىل، — ھىتلېر ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرى، تۇرقى ۋە پىكىرلىرىدىن تارتىپ ھەممە ئىشىغا قاتتىق چوقۇناتتى. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇففىڭدا ئوتتۇرىغا چىقىشى، چوقۇم ھېلېنانىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى قايسى بىر باستۇرۇلغان ھەۋىسىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىرىلىشىغا ياردەمچى بولغان بولىشى، ھېلېنامۇ ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى باستۇرۇلغان قەلبىنىڭ ئارزۇلىرىغا زىچ ماسلىشىپ بەرگەن بولىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، ئۇنىڭ تەشكىللىگەن قوزغىلىڭىنىڭ باستۇرىۋېتىلىشىدىن كېيىن، ئۇففىڭدىكى ئۇ داچا قانۇن كۈچىدىن قېچىپ يوشۇرۇنۇش ھۇزۇرىنىڭ تەمىنى تېتىتقان بولىشىمۇ مۇمكىن.” ھېلېنا يازغان بۇ سۆزلەر شۆبىھسىزكى، ھىتلېردا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئېنىق. شۇنىڭدەك يەنە ھىتلېر ئۈچۈن نۇرغۇن ياردەملەردە بولۇپ كەلگەن بېخىستېيىن خانىمىنىڭ تۈرمىگە كېلىپ ئۇنى زىيارەت قىلىشىنىڭ رولىنىمۇ تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. شۇنداق قىلىپ، بەكلا ئاددى ئويلايدىغان درېكسلېرنىڭ ئاددى تىللار بىلەن سۆزلىگەن سۆزلىرى ھىتلېرنىڭ ئەينى ۋاقتىدىكى روھى ھالىتىگە قاتتىق تەسىر قىلغان بولىشى مۇمكىن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كنىرشمۇ ئۇنى قايىل قىلالىغان بولىشى كېرەك. ھىتلېرنىڭ ھەپتىلەپ ئاچ ئولتۇرىۋالغانلىقى راست بولسىمۇ، تاماق يىيىشكە ماقۇل كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھېچ نېمە يىمەي ئاچ ئولتۇرىۋېلىشىنى ھەرگىزمۇ ئۆلىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان دېيىشكە بولمايتتى.
شۇنداق قىلىپ ھىتلېر تاماق يېيىشكە ماقۇل بولىدۇ-يۇ، سوتتا سوراققا تارتىلىشقا ئۇنىماي تۇرىۋالىدۇ. دەسلىۋىدە ئۇ سوتلىنىشقا ماقۇل كەلگەن بولسىمۇ، سوراق قىلغۇچى ئالدىغا كېلىشى بىلەن تەڭ مىتمۇ قىلماي جىم بولىۋالىدۇ. ئامالسىز قالغان باش پىركراتور، ياردەمچىسى خانس ئېھاردنى لاندسبېرگ تۈرمىسىگە ئىۋەرتىپ “ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر نېمىلەر ئۈندۈرۈشكە تىرىشقىن” دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. ئەمما ئۇمۇ بۇرۇنقى سوراقچىلارغا ئوخشاش ھىتلېرنىڭ ئاغزىدىن ھېچ نېمە ئالالمايدۇ. كېيىن، ئۇ ھىتلېر بىلەن ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئولتۇرۇپ “خۇددى بىرگە بالنىستا ياتقان كېسەللەردەك دوستانە قىياپەتتە سەبىرچانلىق بىلەن سۆزگە كىرىشكەن.” شۇنىڭغا قارىماي ھىتلېر يەنىلا چىرايىنى تۈرگىنىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي “خۇددى يۇۋاش بىر قويغا ئوخشاش پەرۋاسىزلارچە ئولتۇرىۋالغان.” بىر ۋاقىتتا، ئۇ تۇيۇقسىزلا ئۈستەل ئۈستىگە دۈۋىلەنگەن ھۆججەت خالتىلىرىنى كۆرسىتىپ غەزەپ بىلەن “ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە تەۋە بۇ تۈردىكى دوكلادلارنىڭ ھېچ قايسى مېنىڭ كەلگۈسىدە قانات يايدۇرماقچى بولغان سىياسىي پائالىيەتلىرىمگە توسالغۇ بولالمايدۇ!” دەپ گۈكىرەيدۇ.
“شۇنداق بولسۇن. — دەيدۇ ئېھارد بىردەم سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئېغىز ئېچىپ، — قارىغاندا ھىتلېر ئەپەندى، سىز سوراق خاتىرلىگۈچىسىنى يامان كۆرىدىغان بولسىڭىز كېرەك؟” دېگىنىچە تۈرمە دائىرىلىرى تېپىپ كەلگەن سوراق خاتىرلىگۈچىنى چىقىرىۋېتىدۇ ھەمدە كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئۈستەلدىكى ئارخىپ خالتىلىرىنىمۇ يىغىشتۇرۇپ چىقارتقۇزىدۇ. شۇنداق قىلىپ، كامىردا ئۇلار ئىككىسىلا قالىدۇ. بۇ چاغدا ئېھارد ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، مەن بۇ يەرگە ۋەزىپەمنى ئادا قىلىش ئۈچۈنلا كەلگەن بىرىمەن،184 جانابى ھىتلېر ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە مەن بىلەن مۇھاكىمە قىلىشقىدەك ھېچ بىر نەرسىسى يوقمىدۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئېھاردنىڭ بۇ تۈر ھۆكۈمەت تەرەپ ئادىمى قىياپىتىدىن ۋاز كېچىپ مۇئامىلە قىلىشى ھىتلېرنى ئۆز ھالىغا كەلتۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىچىگە يىغىلىپ قالغان پۈتۈن قۇرساق كۆپۈكلىرىنى سۆزلەپ بوشىتىشقا باشلايدۇ. ئۇ، قوزغىلاڭ پىلانىنىڭ قانداق تۈزۈلگەنلىكىنى، قانداق ئىجرا قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ۋە قايسى نەتىجىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا قالماي، يەنە نېمە ئۈچۈن بۇنچە كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ. ئۇ سۆز قىلىۋاتقاندا چىرايى تۆمۈردەك كۆكۈرۈپ كېتەتتى، ئاۋازىمۇ جاراڭلاپ تۇراتتى. ئېھارد ئۇنىڭ مەيداندا نۇرغۇن كىشىلەرگە قاراپ سۆز قىلىۋاتقاندەك سۆزلەپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلىدۇ. بۇ ياردەمچى سوراقچى بەزىدە سۇئال سوراپمۇ قوياتتى. ئەگەر سورالغان سۇئال ئۇنى بىئارام قىلغىدەك بولسا جىم تۇرىۋېلىپ جاۋاپ بەرمەي ئۆتكىزىۋىتەتتى. ئەمما كەينىدىنلا يەنە باشقا بىر قۇرساق كۆپۈكىنى تۆكۈشكە باشلايتتى. ئېھارد ميۇنخېنغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن باشلىقىغا ھەمدە گېئورگ نېيتخاردت (بۇ كىشى كېيىن ھىتلېرنى سوتلاشقا مەسئۇل باش سودىيە بولىدۇ) قا بۇ ھەقتە يازما دوكلاد بېرىدۇ. ئۇنىڭ باشلىقى بولغان كىشى بۇ دوكلاتنى بەكلا تەسىرلىك بىر دوكلاد دەپ قارىغان بولسا، سوتچى بولىدىغان كىشى بولسا “ھىتلېر تېخى دەيدىغىنىنى دەپ بولالماپتۇ، بەلكىم ئۇ ئاساسلىق دېمەكچى بولغىنىنى سوتقا تارتىلغاندا دېيىش ئۈچۈن ساقلاۋاتسا كېرەك” دەيدۇ. ئەمما ئېھارد ئۇنداق دەپ قارىمايتتى. ئۇ، 7-نومۇرلۇق كامىردىكى بۇ مەھبۇسنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىر نېمە دېيىشىگە بەك ئىشەنمەيتتى. ئۇ تۇيۇقسىز ئېسىگە كەلتۈرۈپ سوتچىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئادەم بەكلا كۆپ گەپ قىلىدىكەن. مېنىڭچە بۇنداق بىرسىنىڭ “ئاغزىنى تۇۋاقلاش” ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.
ئادولف ھىتلېرنىڭ قايتا تىرىلگەنلىك خەۋىرى ئۇنىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا ئۈگەي ھەدىسى ئانگېلا تەرىپىدىن ئىنىسى قامىلىپ بىر ئايدىن كېيىن ئىسپاتلىنىدۇ. ئانگېلا، “دېكابىر باشلىرىدا، ھاۋا تۇتۇق، تۇمان بىلەن قاپلانغان بىر ئاخشىمى” تۈرمىگە ئىنىسىنى يوقلاشقا بارغان. ئۇ ئەسلىدە، ئىنىم ھەقىچان ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە پېتىپ قالغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدى. “مەن ئۆمۈرۈم بويىچە ئۇ مىنۇتلارنى ھەرگىز ئۇنۇتالمايمەن. — دەيدۇ ئانگېلا يەنە بىر قېرىندىشى بولغان كىچىك ئالويىسقا يازغان خېتىدە، — مەن ئادولف بىلەن يېرىم سائەتتەك سۆزلەشتىم، ئۇنىڭ روھى ھالىتى يەنىلا شۇ بۇرۇنقىدەك بەكلا كۆتۈرەڭگۈ ئىدى، سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئىكەن. گەرچە بىلىكى داۋاملىق ئاغرىپ ئۇنى قىيناپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ غەم قىلما، ساقايىپ قالدى دەپ ئولتۇرغان. بۇ كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە ساداقەت كۆرسىتىشىدىن ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق تەسىرلەندىم. مەسىلەن، مەن ئۇ يەرگە بېرىشتىن سەل ئاۋال، بىر ئىسىلزادە ئۇنى زىيارەت قىلىپ چىققان، شۇنىڭدەك يەنە ب شەھىرىدىكى ۋانفريېد داچىسىدىن ئۇنىڭغا بىر بولاق روژدىستىۋا ئارچا بايرىمىلىق سوغاتمۇ كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى گېگانت تاغدەك تەۋرەنمەس نەتىجە دېيىش كېرەك. ئۇنىڭ غايىسى بىلەن بۇ غايىسىگە يېتىشى پەقەت ۋاقىتقىلا قاراشلىق بىر مەسىلە. تەڭرى بۇ كۈنلەرنىڭ بالدۇرىراق كېلىشىگە ياردەم قىلغاي” دېگەنلەر يېزىلغان؛ ئۇ سوغات ئەسلىدە بايرۇتتىكى  ۋاگنېرلار ئائىلىسىدىن كەلگەن بىر سوغا ئىدى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ۋانفريېد ۋاگنېر يەنە بىر سوغات ئىۋەرتكەن بولۇپ،  ئىچىدە بىر شېئىرمۇ بار ئىدى. ۋاگنېر خانىم ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى قىلچىمۇ يوقاتماي ساقلىغان. بەزى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، “ماڭا ئىشىنىڭلار. — دېگەن ۋاگنېر خانىم بىر توپ كىشىگە، — ھەر قانداق بىر ۋەقە يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھىتلېر بەرىبىر كەلگۈسىنىڭ ئۇلۇغلىرىنىڭمۇ ئۇلۇغى بىر ئادەم بولۇپ قالىدۇ. ھىتلېر بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم گېرمانىيىنىڭ دوپ دەرەخى ئارىسىدىن قېلىچ ئوينىتىپ چىقىدۇ!”
ھىتلېرنىڭ ئىرقچى ھەمكارلاشقۇچىلىرى ئاخىرقى غەلىبە چوقۇم بىزنىڭ بولىدۇ دەپ ئىشىنىپ، قوشۇننى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەيدۇ. ئۇلار قايتا ئۆزگەرتىشتىن كېيىن قۇرغان تەشكىلاتلىرىغا بەك دىققەت تارتمايدىغان بىر ئىسىم قويۇشقان بولۇپ، “خەلق فولكىلور كلۇبى”، “خەلق يېڭى يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلىرى”، “گېرمانىيە سادىق ئاياللار ئىتتىپاقى”، “گېرمانىيە پىيادە مىلتىقچىلار ئىتتىپاقى” دېگەندەك ئادەتتىكىچىلا ئىسىملارنى قويىۋالغان ئىدى. بۇرۇنقى “پىدائىيلار باتالىئونى” مۇ رۆمنىڭ يىتەكچىلىكىدە “فرونت جەمئىيىتى” دېگەنگە ئۆزگەرتىلىپ قايتا ھەرىكەتكە كىرىشكەن (رۆم باشقا قوزغىلاڭچىلار بىلەن بىرلىكتە ستادېلھېيم تۈرمىسىگە قامالغان ئىدى). مەقسەت، ئەنە شۇنداق بىر ئىسىم دالدىسىدا ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىۋاتقان ھىتلېر بىلەن لۇدېندورف رەھبەرلىك گۇرۇھىدىكى ھەر تۈرلۈك ئىرقچىلىق ھەرىكەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەت قىلالىشى ئۈچۈن كۈنلۈك بولۇپ بېرىش ئىدى. ئەمما ھىتلېر بۇنداق تەدبىرلەردىن رازى بولمىسىمۇ ئۆزىنى ئون بېشى ھىتلېرنىڭ رەھبىرى دەپ ھېسابلاپ كېلىۋاتقان رۆم، ھىتلېرنىڭ بۇنداق نارازىلىقلىرىغا پەرۋامۇ قىلمايدۇ.
ھىتلېرنىڭ سىياسىي پارتىيىسى قانۇن بويىچە تارقىتىۋېتىلگەندەك قىلغىنى بىلەن،185 بەرىبىر يوشۇرۇنچە ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە بولۇپ، پائالىيەت مەركىزى ئاساسەن ميۇنخېندا ئىدى. روزېنبېرگ، ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىزچىل پائالىيەت قىلالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ميۇنخېندا بىر كومىتېت تەشكىللەپ چىقىدۇ. ئەمما بۇ كومىتېتنىڭ پائالىيەتلىرى شەخسى زىدىيەتلەر ۋە ئىدىيىۋى پەرقلەر سەۋەبىدىن توسالغۇغا ئۇچراپ بەكلا ئاستا كېتىۋاتاتتى. روزېنبېرگ ئۆزىنى ھىتلېرنىڭ سىياسىي ئورۇنباسارى دەپ ھېسابلاپ يۈرگەن بولسا، سالىسبۇرگقا قوغلانغان بىر قىسىم كىشىلەر، يەنى ئېسسېر، سترېيچېر، ئامان ۋە خانفىستايىنگىل قاتارلىق كىشىلەر ئۇنى ئالدامچى دەپ قاراپ پەقەتلا ياخشى كۆرمەيتتى ھەمدە ئۇنىڭغا ھۆرمەتمۇ قىلىشمايتتى. ئەمما ئىشنىڭ بۇ تەرىپى، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ تاللانغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. چۇنكى ئۇ، ھەرگىزمۇ پارتىيىنى مەڭگۈ تېزگىنىدە تۇتۇشنى خىيال قىلىپ يۈرىدىغان كىشىلەردىن ئەمەس، شۇنىڭدەك تۈزۈك ئەگەشكىچىسىمۇ يوق بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھىتلېرنىڭ تاللىغىدەك باشقا بىر نامزاتىمۇ يوق ئىدى. گيۆرىڭ تېخىچىلا ئاۋسترىيىدە بىر تەرەپتىن پانالىنىپ يەنە بىر تەرەپتىن يارىسىنى داۋالاپ يۈرەتتى؛ شېۋبنېر-رىچتېر ۋاپات بولغان؛ لاندسبېرگ تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگە ئېكارت، بېرچتېسگادېندا ئاغرىپ ئۆلۈم تۆشىكىدە ياتقان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە درېكسلېر يەنە كېلىپ ھىتلېرنىڭ پارتىيىگە بەرگەن يوليورۇقلىرىغا قوشۇلمايتتى. ئەمما ھىتلېرنىڭ تولۇق خاتىرجەم بولىدىغىنى، روزېنبېرگ ئۆزىگە بەكلا سادىق بىرسى ئىدى.
بىر كۈنى ئاخشىمى، روزېنبېرگ قېلىن قار قاپلاپ كەتكەن ئورمانلىقتىن ئۆتۈپ ئوغرىلىقچە ئاۋسترىيىگە كىرىدۇ. ئۇ يەردە سالىزبۇرگقا بېرىۋالغان كىشىلەر بىلەن پىكىرلىشىدۇ: “مەن يولداشلار بىلەن بىرمۇ-بىر سۆزلىشىپ، ئۇلارغا قايتىدىن جاسارەت بېرىش، ھەر تۈردىكى يالغان-ياۋداق گەپلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ كۆرسىتىشكە تىرىشتىم.” بىر قانچە كۈندىن كېيىن، بۇ قاچقۇنلارنى گەپكە كۆندۈردۈم دەپ ھېسابلاپ، قايتىدىن چاڭقىيلىق چېگرادىن ئۆتۈپ ميۇنخېنغا قايتىپ كېلىۋالغان. ئەمما ئۇ تەرەپتە قالغانلار بۇ ئادەم پەقەتلا قابىلىيىتى يوق دېيىشتە تېخىمۇ چىڭ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆز ئالدىغا پىلان تۈزۈشكە، يەنى ساختا پۇل ياساپ ياكى قۇرال ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق يوللاردىن پايدىلىنىپ پارتىيىنىڭ مالىيىسىنى قايتىدىن يارىتىش، ھەمدە پىلىموتلۇق چېگرادىن يۇشۇرۇنۇقچە ئۆتۈپ لاندسبېرگ تۈرمىسىگە ھۇجۇم قىلىش، لۇدېكنى ئامېرىكىغا ئىۋەرتىپ ھىتلېر ئۈچۈن ئىنئانە توپلاپ كېلىش دېگەندەك پىلانلارنى تۈزۈشكە كىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈزگەن بۇ پىلانلىرىدىن بىرسىمۇ ئەمىلىلەشمەيدۇ. “مەن ھەر قېتىم، ھىتلېر كىلەچەكتە ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىدىغان بىرسىگە ئايلىنىدۇ، دېگىنىمدە ھامان كىشىلەرنىڭ قاتتىق مازاق قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدىم،” دەيدۇ لۇدېك ئامېرىكا دوكلاتىدا.
ميۇنخېندا بولسا، خەلق ئاممىسى ھىتلېرنى بەكلا چوڭ كۆرەتتى. شۇ يىلى روژدىستىۋا بايرىمىدا ھەرىكەتكە قاتناشقان بىر قىسىم شۋابىڭلىق رەسساملار بلۇت قەھۋىخانىسىدا قونچاق كىنو «ئادولف ھىتلېر تۈرمىدە» نى قويۇپ  ھىت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىدۇ. بۇ كىنودا ئېكران ئېچىلىشى بىلەن تەڭ بىر تۈرمە كامىرى كۆرۈنىدۇ. كامىرنىڭ كىچىك پەنجىرىسىنىڭ سىرتىدا قار ئۇچۇشۇپ يۈرگەن، ئۈستەل ئالدىدا ھىتلېر ئولتۇرغان بولۇپ، بېشىنى قاماللاپ يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى. كىنودا ئەرلەر خورى «تىپ-تىنىچ كېچىلەر، قۇتلۇق كېچىلەر» تەڭكەش قىلىنغان ئىدى. ئارقىدىنلا بىر پەرىشتە ھەر خىل ھەر ياڭزا چاقناپ تۇرغان بايرام ئارچىسىنى ئۈستەل ئۈستىگە تىزىۋېتىدۇ. ئولتۇرغان ئادەم ئاستا-ئاستا بۇرۇلۇپ چىرايىنى كۆرسىتىدۇ. “تاماشىبىنلارنىڭ نۇرغۇنى ئۇ كۆرۈنۈشتىكى ئادەمنى ھىتلېرنىڭ نەق ئۆزى ئىكەن دېيىشتى. — دەيدۇ ھېينرىك خوفمان (بۇ تەسۋىرنى ئۇ لايىھىلىگەن ئىدى) ئەسلەپ كېلىپ، — پۈتكۈل زالدىكىلەر مىچىلداپ يىغلاپ كەتكەن.” چىراق ياندۇرۇلغاندا پرىژوكسىيىچى نۇرغۇنلىغان ئەر ۋە ئاياللارنىڭ كۆزلىرى ياشتىن نەملىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھۇلۇققىنىدىن دەرھال قول ياغلىقىنى ئۇلارغا سۇنىدۇ.

1924-يىلى يېڭى يىل كۈنى يېڭى تەيىنلەنگەن مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىغا مەسئۇل ئىمپىرىيە نازارەتچىسى خىجالمار شاخت، ئەنگلىيە بانكىسىنىڭ باشلىقى مونتاگۇ نورمان بىلەن لوندوندا باش قوشۇپ گېرمانىيىنىڭ مالىيە مەسىلىسىنى دەرھال ھەل قىلىش ئۈستىدە مۇزاكىرلىشىدۇ. پەۋقۇلئاددە دەۋر پۇلىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان شاخت، مۇزاكىرە باشلىنىشى ھامانلا گېرمانىيىنىڭ مالىيە قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى قارشى تەرەپكە ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ سۆزىدە، “رۇر كرىزىسى ھەل قىلىنغىدەكلا بولسا گېرمانىيىنىڭ مالىيە قىيىنچىلىقى ئوڭشىلىپ قايتىدىن تەرەققى قىلالىشى مۇمكىن.186 بۇنىڭ ئۈچۈن گېرمانىيە چوقۇم چەتئەل كرىدىت ياردىمىگە مۇھتاج، شۇنىڭدەك ئىمپىرىيە بانكىسىدىن باشقا ئىككىنچى بىر مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇلىشى، يەنى پۈتۈنلەي ئالتۇنغا تايانغان بىر بانكا قۇرۇلىشى كېرەك. ئالتۇن ئاساسىدا قۇرۇلىدىغان بانكىنىڭ ئېھتىياجلىق چەتئەل پۇل مەبلىغىنىڭ يېرىمىنى گېرمانىيىنىڭ  ئۆزىدىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. قالغان يېرىمىنى مەن ئەنگلىيە  بانكىسىدىن قەرز ئېلىشنى ئويلىدىم” دەيدۇ.
شاخت يازغان «ئۇستا سىھىرۋاز» ناملىق ئەسلىمىسىدە، نورمان بۇ ئىشقا قىزىقمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كېيىن شاخت يېڭى بانكىنىڭ ئالتۇن مەبلىغى 2 يۈز مىليون مارك بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بانكا چېكى تارقىتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. يەنى “مەن فوند ستېرلىڭ قىممىتى بويىچە چەك تارقىتىمەن” دەيدۇ. نورمان بۇ ئاجايىپ چارىنى ئويلاۋاتقىنىدا شاخت سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “بانكىر ئەپەندىم، بۇنداق تەدبىر بۈيۈك بېرىتانىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىمپىرىيىسى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ئىقتىسادىي  ھەمكارلىق جەھەتتە قانچىلىك ئىستىقباللىق بىر ئىش بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئەگەر بىز ياۋروپادا تىنچلىق تىكلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەنمىز، چوقۇم يىغىن قارارلىرى بىلەن قۇرۇلتاي خىتاپنامە چەكلىمىلىرىگە ئۇچۇرىماسلىقىمىز، ياۋروپانىڭ ھەر قايسى ئەللىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تېخىمۇ زىچ باغلانغان بولىشى شەرت.” ئىككى سوتكا ئىچىدە، نورمان بەش پىرسەنتلىك ئىنتايىن تۆۋەن ئۆسۈم بىلەن بۇ قەرز پۇلنى تەستىقلاپلا قالماي، لوندوندىكى بىر مۇنچە بانكىرلارنىمۇ بۇ ئىشقا قايىل قىلىدۇ: “ئالتۇن ھېسابىدىكى بانكا باجنى ئۆز ئۈستىگىلا ئالىدىغان بولىدىكەن قەرز قىممىتىدىن كۆپ ئۈستۈن بولغان بۇ چەكنى قوبۇل قىلىمىز” دەپ ئىپادە بىلدۈرۈشىدۇ بانكىرلار. توم قەلىمىنى بىر قانچە قېتىم جىجىلاش ئارقىلىقلا ئۆزىنى “ئۇستا سىھىرۋاز” دەپ ئاتىۋالغان شاخت، ھىتلېرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي قۇرال سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان “ئىختىسادىي ئاپەت” دېگەن بۇ قۇرالنى قولىدىن تارتىپ ئېلىۋالىدۇ.

2
تۈرمە دوختۇرى، ھىتلېرنى جىسمانىي جەھەتتە سوراق قىلىنىشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. 8-يانۋار كۈنىسى دوختۇر برىنستېينېرنىڭ تۈرمە باشلىقىغا بەرگەن پەۋقۇلئاددە دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ بىماردا روھى بۇزۇلۇش ياكى روھى كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. نېرۋا كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ساھەسىدە ئوقۇپ پىراكتىكا كۆرگەن بۇ دوختۇر، “ھىتلېر ھەر قانداق شارائىت ئاستىدا ئۆزىنى تېزگىنلەپ كېتەلەيدۇ، گەرچە قوزغىلاڭنىڭ غايىسى يېتەرلىك بولماي قالدى دەپ چىڭ تۇرىۋالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىرادىسى بىلەن تەپەككۈر قابىلىيىتى كېسىلى سەۋەبىدىن بىرەر دەخلىگە ئۇچرىمىغان،” دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.
ھىتلېر، ئىككى يىل ئىلگىرى ستادېلھېيم تۈرمىسىدە قىسقا مۇددەتلىك قامالغان ۋاقتىدا نۇرغۇن تەجرىبىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى. خۇددى شۇنىڭدەك، لاندىسبېرگدىكى قاتتىق نازارەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغان تۈرمە ھاياتى جەريانىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكەندىكى ئىشلىرىنى بىر قۇر كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىققىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ تىپ-تىنچ كىچىك كامىر ئىچىدە ئويلىنىش ئارقىلىق بۇرۇنقى خاتالاشقان تەرەپلىرىنى ئاخىرقى ھېساپتا تونۇپ يېتەلىگەن ئىدى. مەسىلەن ئالايلۇق، ئۇ قوزغىغان قوزغىلاڭنى مۇسسولىننى دوراپ چاقماق تېزلىكىدە ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىشنى كۆزلەپ بېرلىنغا يۈرۈش قىلىشنىڭ باشلانغۇچ قەدىمى قىلىش پىكىرىدە ئىدى. “بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ مەغلوبىيىتىدىن مۇنداق بىر تەجرىبە ساۋاققا ئېرىشتىم: مىللى روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنىدىغان بىر ھەرىكەت، ھەر دۆلەتتە چوقۇم ئۆزىگە خاس شەكىل ۋە ئۇسۇلغا تايىنىش كېرەك ئىكەن.”
ھىتلېر، بۇ قېتىملىق ئېغىر مەغلوبىيەتلىك تەغدىرى ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقىغا ئىشىنەتتى. “بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنىڭ تارمار قىلىنغانلىقى، مىللى سوتسيالىزم ھەرىكىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەلەي” دەيدۇ ئۇ كېيىن يازغان ئەسىرىدە. ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:187 لۇدېندورف بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىمىز ئەسلىدە “قەتئىي مۇمكىن بولمىغان بىر ئىش ئىدى”؛ پارتىيىمىز تولۇق تەييارلىق قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، گېرمانىيە بويىچە تېزلىكتە ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىشتا “ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىققا دۈچ كېلىدىغانلىقىمىز مۇقەررەر ئىدى”؛ قوماندانلىق بىناسى ئالدىدا 14 نەپەر يولدىشىمىزنىڭ “قان تۆكۈپ قۇربان بولغانلىقى”، “مىللى سوتسيالىزمنى ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە تەشۋىق قىلىشىمىز شەرت ئىكەنلىكى” نىڭ تىپىك بىر مىسالى بولدى.
ھىتلېر، ئۆتكەن بىر قانچە ھەپتە جەريانىدا رىياللىقنى قوبۇل قىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماي، ئوقۇشقا تېگىشلىك بارلىق كىتابلارنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتى دېيىش مۇمكىن. مەسىلەن، نىتچىي (نىېتزشې)، چېمبىرلىن، رانك، ترېيتشىك ۋە ماركس قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقىدۇ. ئۇ بىسماركنىڭ ئەسلىمىلىرى بىلەن باشقا نۇرغۇنلىغان دۇنيا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمە كىتابلارنى قايتىلاپ ئوقۇپ چىقىدۇ. “لاندسبېرگ، دۆلەت تەمىناتى بىلەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغان يېرىم بولۇپ قالغان ئىدى، — دەيدۇ فرانكقا. — شۇنىڭدەك، تۈرمە دېگەن بۇ يەر، ئالى مەكتەپ پروفېسسورلىرى ئۆزىنى كۆرسىتىپ ئادەمنى بىلىم رامكىسى ئىچىگە سولايىمەن دەپ ئۇرۇنىدىغانغىمۇ ئىمكان بەرمەيدىغان بىر يەر. ھەر نېمە دېگەن بىلەن ئادەمدىكى ئەقلىي كۈچ ھامىنى بىلىمنى يېڭىپ چىقالايدىكەن. ئەگەر تەڭرى ئىرادىسى دۇنيانى يارىتىشنى ئەمەس پەقەتلا دۇنيانى تونۇش بىلەنلا كۇپايە قىلغان بولسا ئىدى، تۈ بۈگۈنگىچە بۇرۇختۇمچىلىق ئىچىدە قىلچىمۇ ئىلگىرلىيەلمەي ئىپتىدائىي قالاقلىق ھالىتىدە تۇرۇپ قالغان بولاتتۇق.”
ھىتلېر، تۈرمىگە يېڭى قامالغان ۋاقتىدا ھەممە ئوڭۇشسىزلىقلار تەتۈر پىشانىلىقىمدىن بولغان دەپ قارىغان ئىدى؛ مانا ئەندى، بىر قۇر تەپەككۈرقىلغاندىن كېيىن ئەسلىدە تەغدىرى ئۇنى قۇتقازغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. خانفىستايىنگىلنىڭ دېيىشىچە (ئۇمۇ باۋارىيىگە قايتىپ كېلىۋالغان ئىدى)، شۇ يىلى يانۋار (ئوچاق) ئېيى ئىچىدە لېنىن ئۆلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ھىتلېرنىڭ ۋە گېرمانىيىنىڭ تەغدىرى يېڭىدىن بەلگىلىگەنمىش. لېنىننىڭ ئۆلۈمى ھىتلېرنى بەكلا خوش قىلىۋەتكەن بولۇپ، ئۇ خانفىستايىنگىلغا “مانا ئەندى تارىخ قايتا ئۆز ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى” دەپ ئېيتقان. ، بۈيۈك ئىمپېراتور فرېدېرخ (ھىتلېر ئۇنىڭ بىلەن تەڭلىشىشنى ھەۋەس قىلاتتى) مۇ 1762-يىلى روسىيە چارىچەسى ئىلىزابىتنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خوشاللىقىدىن جاھانغا پاتماي قالغانلىقىنى، “مانا ئەندى جاھاننى قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرى قاپلايدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەندى بويۇن ئىگىدىغان، كوممۇنىزمنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى يىمىرىلىدىغان” لىقىنى ئېيتقان.
ھىتلېر، ئون ھەپتىگە قالمايلا پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن قۇتۇلۇپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ، مەن ئەندى چوقۇم گېرمانىيىگە داھى بولالايمەن دەپ ئۆزىگە قەتئىي ئىشەنچ باغلىغان ئىدى. ئۇ ئۇزۇندىن بېرى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي  مەسىلىسى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ھەتتا ئۇ (بۇرۇن ئۇ فرانكقا بۇ ھەقتە مەخسۇس سۆزلەپ بەرگەن ئىدى) نۇرغۇنلىغان ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ قالتىس پىلانىدىن بىرنى تېپىپ قويغانلىقىنى ئېيتىدۇ: پۈتۈن مەملىكەت ئىچىدە قاتناش تورلىرىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن دۆلەتنى بىر-بىرسىگە تېخىمۇ زىچ باغلانغان ھالغا كەلتۈرۈش؛ كۆپلەپ كىچىك تىپتىكى ئەرزان پىكاپ ئىشلەپچىقىرىپ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىمۇ شەخسى ماشىنا سېتىۋالالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش كېرەك. 12-فېۋرالدا، ئۇنى ھەمرالىرى بىلەن بىرگە تۇرىۋاتقان تۈرمىدىن چىقىرىپ ميۇنخېندىكى تۇتۇپ تۇرۇش پونكىتىغا يالاپ بارغان ۋاقتىدا، مەيلى روھى جەھەتتە بولسۇن ياكى جىسمانى جەھەتتە بولسۇن سوتقا چىقىشنىڭ بارلىق تەييارلىقىنى قىلىپ قويىدۇ. سوتقا چىقىرىش كۈنى 4 كۈن كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شۇ كۈنى ھىتلېرنىڭ تەغدىرى بەلگىلىنىدىغان كۈن ئىدى.
ئۇ چاغدا، بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ دەپ ئالدىن پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئېبېرتىن خانىممۇ دەل شۇ پەيتلەردە ميۇنخېندا تۇرۇپ يۇلتۇز پالى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يازغان، ھىتلېرغا قايتىدىن پال سالغان ئىدى: ھىتلېرنىڭ مەغلوبىيىتى ھەرگىزمۇ ئۇنى يېقىتالمايدۇ. ئەكسىنچە، ئۇ بىر سۇمۇرۇغ قۇشىغا ئايلىنىپ ئۇچىدۇ؛ “يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقە ھىتلېرنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۈچۈن ئىچكى كۈچ يارىتىپ بېرىش بىلەنلا قالماي تاشقى كۈچ مەنبەسىگىمۇ ئېرىشتۈرگەن ئىدى؛ بۇ كۈچ، دۇنيا تارىخىنىڭ سائەت ئاسمىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەۋرىتىۋېتىدۇ.”
26-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، دۇنيانىڭ كۆزى ميۇنخېندا دېيەلمىسەكمۇ ھېچ بولمىغاندا پۈتكۈل گېرمانىيىنىڭ كۆزى ميۇنخېنغا تىكىلگەن ئىدى. بۇنداق بولىشى، ھىتلېر، لۇدېندورف ۋە باشقا 8 نەپەر ئەيىپلەنگۈچىگە ۋەتەنگە خائىنلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىشنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى ئۇلارنىڭ شەخسى تەغدىر دائىرىسىدىن ئاللىمۇ قاچان ھالقىپ كەتكەن ئىدى.188 گېرمانىيىدە يېڭىدىن دۇنياغا كېلىۋاتقان كۈچلەر بىلەن دېموكراتىيە، گېرمانىيە بويىچە ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇرۇش قەھرىمانى بولغان داڭلىق بىرسىنى ئاۋسترىيىدىن ئېقىپ كەلگەن بىر تەلۋە بىلەن بىر قاتاردا سوتلىماقتا ئىدى.

كارىن گيۆرىڭ خانىم، ئىنسبرۇكتىن ئاپىسىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دەيدۇ: “… دەل شۇ پەيتلەردە ميۇنخېندا سوت كېتىۋاتىدۇ … ئاھ تەڭرىم، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى ئاسان قىلغايسەن، ئۇنىڭغا ھېچ قانداق بىر دەرد كەلتۈرمىگەيسەن.” بۇ چاغدا، كارىننىڭ قىزىقىۋاتقان بۇ ئادىمى ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كېيىپ، مەيدىسىگە تۆمۈر كرىست مېدالىنى ئاسقىنىچە قىزىل خىشتىن سېلىنغان كونا بىنا ئىچىدە، يەنى تاشلاندۇق پىيادە ھەربى مەكتەپنىڭ چوڭ زالىدا سالاپەتلىك قىياپەتتە ئولتۇراتتى. ھىتلېر، ئالاھىدە روھلۇق ۋە كۈچلۈك غەيرەت بىلەن بۇ كۈرەشكە تەييار ئىدى. ھىتلېر، بۇ كۈرەشتە گيوتىنىڭ “تۆمۈر ئۇمۇتى ياكى پولات بازغىنى” غا ئايلىنىشقا تەييار ئىدى.
سوتتا، تۇنجى بولۇپ لۇدېندورفنىڭ ئەيىپنامىسى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن بولىشىغا قارىماي ھىتلېر باشتىن تارتىپلا ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان نوقتىلىق بىرسىگە ئايلىنىدۇ. قارىلانغۇچىلار قاتارىدا بىرىنچى بولۇپ چاقىرىلغان كىشىمۇ يەنە شۇ ھىتلېر ئىدى. ئۆزىنى ئاقلاشقا كىرىشىشتىن تارتىپلا بازغاندەك ئوتتۇرىغا چىقىش نىيىتىدە ئىدى؛ بىر ھېسابتا، ھىتلېرنى سوتقا قارىلانغۇچى ئەمەس بەلكى قارىلىغۇچى سۈپىتىدە چىقتى دېيىشكىمۇ بولاتتى. ھىتلېر، خۇددى تۈرمىدىكى ۋاقتىدا ئېھاردقا سۆزلىگىنىدەك جاراڭلىق ئوتتۇرا ئاۋازدا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى قوزغاشقا مەجبۇرلانغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇ، نامايىش ھەققىدە، قانلىق زەربە ھەققىدە توختىلىدۇ؛ ئۇ سۆزىدە ئۇففىڭغا قېچىپ بېرىۋالغانلىقىنى، شۇنىڭدەك تۈرمىگە قامىلىش جەريانىنى ۋە لاندسبېرگ تۈرمىسىدىكى ئەھۋاللارنىمۇ تەپسىلى بايان قىلىپ چىقىدۇ. ئۇ، قىرغىن قىلىنغان سەبداشلىرىم قاتارىدا قۇربان بولسا ئىدىم ئارمانغا يېتەتتىم دەيدۇ.
ھىتلېر، بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنىڭ پۈتكۈل مەسئولىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ (“ئۇ ئەپەندى پەقەت مېنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقانلا بىر ئادەم”). ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. ئۇ، ماڭا يۈكلەنگەن ۋەزىپە — گېرمانىيىنىڭ بۇرۇنقى ئابرويىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ، گېرمانىيىنىڭ دۇنيادىكى تېگىشلىك ئورنىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەلقنى يېتەكلەپ مېڭىشتىنلا ئىدى؛ بۇنداق بىرسىنى قانداقمۇ جىنايەتچى دېيەلەيسىلەر؟ ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ھەممە ھۆرمەت قىلىشقا، قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك بىر ئېتىقاتنى ئىپادىلىمەكتە بولۇپ، بۇ گەپلەرنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى سوت باشقۇرغۇچىسى بولغان پاكىنەك سودىيە بىلەن پركراتورنىڭ چىرايىدىنمۇ بىلىنىپ تۇراتتى. بۇ ئىككىسىدىن ھېچ بىرى ھىتلېرنىڭ قارىلىغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىغا نارازىلىق بىلدۈرمىدى. ياكى ئۇ ئىككىسى ھىتلېرنىڭ تىنماي نۇتۇق سۆزلىشىگە پەقەتلا توسقۇن بولمىدى. ياردەمچى پرىكىراتور ئېھارد، سودىيە بىلەن پركىراتورنىڭ ھىتلېرنى سۆزلەشتىن توسىيالىشىدىن بەك ئۈمىتلەنمەيتتى: سودىيە گيورگ نېيتخارت قىزغىن مىللەتچى بىرسى بولۇپ، خۇددى ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى “پۇخرالار ھەرىكىتى” دەپ قارايدىغان، لۇدېندورفنى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىشقا تەييار تۇرغان كىشى ئىدى؛ شۇنداقتىمۇ، بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى سەۋەپتىن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن پركراتور، بۇ سوتتا بەكلا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئەگەر سوت مەھكىمىسىدىكى بۇ ئەمەلدارلارنى ھىتلېرنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان دېيىشكە توغرا كەلسە، ئوسۋارد سپېنگىلېرنىلا بۇنداق تەسىرگە قىلچە يولۇقمىغان بىرسى دېيىشكە بولاتتى. شۇ كۈنكى بىر قېتىملىق سوت ئۈستىدىكى سوزىدە ئۇ ناتسىستلارنى بايراق كۆتۈرۈش، شۇئار توۋلاش ۋە نامايىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار دەپ مازاق قىلىدۇ. “شۆبىھسىزكى، بۇ نەرسىلەر ھېسسىياتلىرىنى قاندۇرۇش رولىنى ئوينىيالىغىنى بىلەن سىياسەت ئۇنداق ھېسسىياتقا باغلىق بىر ھەرىكەت ئەمەس. — دەيدۇ. ئۇ بۇ قېتىملىق سوتقا — يېتەرلىك بولمىغان ھىتلېر دېلوسى” دەپ نام بېرىدۇ. بۇ قېتىملىق سوت “ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ يۇشۇرۇن كايزەر (دۆلەت باشلىقى)” دېگەن قارىشىنى ئىسپاتلاش رولىنىلا ئوينىماقتا دەيدۇ.
ئەتىسى، ۋاقىتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قالغان قارىلانغۇچىلارنى سوتلاش بىلەن ئۆتىدۇ. ئەمما 28-فېۋرال، ھىتلېر يەنە بىر قېتىم سوتتىكىلەرنى ئۆز ئىلىكىگە ئېلىۋالىدۇ. سوت تەنەپپۇسقا چىققاندىكى بىر قېتىملىق سوراقتا، ھىتلېر بېرلىن بىلەن ميۇنخېن قىزىللار ھاكىمىيىتىنىڭ قايسى تۈردە چىرىتىلىشىغا دۈچ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەدەپ تەرغىپ قىلىدۇ. “ميۇنخېندا، بۇ ھەقتە تىپىك مىساللارنى كۆرەلەيسەن. ئەگەر ئۇيغانغان ساغلام ئامما بولمىسا ئىدى،189 بىز ھەرگىزمۇ قىزىللار دەۋرىدىن قۇتۇلۇپ ئازات بولالمىغان بولار ئىدۇق.” ئۇنىڭ بۇ گېپى كۈچلۈك ئەكس تەسىر پەيدا قىلىۋېتدۇ. بۇ گەپلەر ئۇنىڭ بېرلىنغا يۈرۈش قىلىش ئىشىنىڭ ھەرگىزمۇ خاتا ھەرىكەت ئەمەسلىكىنى ئاقلاش سۆزلىرى ئىدى.
سوتنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھىتلېر ئىزچىل تۈردە ئۇستىلىق بىلەن ئۆزىنى ئاقلاش تاكتىكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ سودىيەلەرنى ئوينىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە لۇدېندورف بۇ ئويۇننىڭ ئادەتتىكى پېرسۇناژلىرىدىن بىرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، باشقا قارىلانغۇچىلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىمۇ بارغانسىرى ئېنىق ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلايدۇ. “ھىتلېر مېنى تۇيۇق يولغا باشلىماقتا. — دەيدۇ ئۇ غەزەپ بىلەن سوتتىن كېيىن خانس فرانكقا، — ھىتلېر ماڭا يالغان ئېيتتى. بۇ ئاخماقانە قوزغىلاڭنى باشلىتىشتىن بۇرۇن ئۇ ماڭا پۈتۈن قۇرۇغلۇق ئارمىيىسىدىكىلەر يۈزدە يۈز سېنىڭ تەرىپىڭدە تۇرىدۇ دېگەن. … ئۇ بىر تەۋەككۈلچى ناتىقتىن باشقا بىر نېمە ئەمەس ئىكەن!” ئۇنىڭ بۇنچىۋالا غەزەپلىنىپ كېتىشى بەلكىم بۇ تەۋەككۈلچى ناتىق، بۇ رەزىل ئون بېشى پۈتۈن ھەرىكەتلىرىدە ئۆزىنى ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك گېنېرال ھېس قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. يەنى ھىتلېر بارلىق مەسئولىيەتنى يالغۇز ئۆز ئۈستىگىلا ئېلىۋالغىنىدا، لۇدېندورف ئىزچىل تۈردە مەسئولىيەتتىن قاچقان بىرسىگىلا ئايلىنىپ قالاتتى. ئۇ بەكلا ھاكاۋۇر ئىدى؛ سوتقا ئۆزىلا ھۈكمىرانلىق قىلىدىغاندەك، بۇ يەر خۇددى بىر ھەربى سوتتەك تىنماي ئادۋوكاتلار بىلەن سوتچىنى ھاقارەت قىلىپ چىقىدۇ. “ئۇ مەشىق مەيدانىدىكى ۋارقىرىشىغا ئوخشاش تىنماي سوت مەھكىمىسىنى ئەيىپلەيتتى. — دەيدۇ ئەنگىلىيىلىك مۇخبىر گ. ۋارد پرىس ئەسلىمىسىدە، — ئۇنىڭ ھەر بىر گېپى بەكلا قوپال ئىدى. ئۇ بۇنداق پاسكىنا سۆزلەر بىلەن ۋارقىراپ ھاقارەت قىلىشقا كىرىشكىنىدە ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان پاكىنەك باش سودىيە تىتىرەپ كېتەتتى. ھەتتا ئۇنىڭ ئۆچكە ساقاللىرىمۇ تەڭ تىتىرەپ كەتكەچكە ئامالسىز ساقىلىنى قاماللاپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.”
مەتبۇئات ساھىسىدىكى مۇخپىرلار تۈگۈلۈپ ئولتۇرىۋالغان بۇ سوتچىغا تېخىمۇ كۆپ قارشى چىقىشقا باشلايدۇ. بەزى چەتئەللىك كۈزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ راستىنلا سودىيە ئىكەنلىكىدىنمۇ گۇمانلىنىدۇ. 4-مارت كۈنى، باۋارىيە مىنىستىرلار يىغىنىدا ھەممە بىردەك نېيتخاردتنى تەنقىتلىشىدۇ. شىتات مىنىستىرى شۋېيېر، قارىلانغۇچى قۇرۇغلۇق ئارمىيىسى بىلەن شىتاتلىق ساقچىغا ئاشكارە داغ تەككۈزىشى، شىتاتلىق ساقچىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش تۈسىگە ئۆزگەردى، دەيدۇ. يەنە بىر مىنىستىر بۇ سوتنى ئاخىرغىچە باشقۇرۇپ كېتەلىشى ئۈچۈن نېيتخاردتنىڭ قابىلىيىتى بارمۇ-يوق دەپ گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ چاغدا، ئۈچىنچى بىر مىنىستىر ئوتتۇرىغا چىقىپ، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورگانلاردا، بولۇپمۇ بېرلىندا كىشىلەر بۇ قېتىملىق سوتلاش ئۇسۇلىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى دەيدۇ. تۆتىنچى بىر مىنىستىر: ئۇ باش سودىيىنىڭ ھىتلېرغا ئۇدا 4 سائەت تىنماي نۇتۇق سۆزلىشىگە يول قويغانلىقىغا قارىتا تەنقىدىنى بەرگەن بولسىمۇ نېيتخاردت ئۇنىڭغا “ھىتلېرنى سۆزلەشتىن قانداق توختىتالايتتىم؟” دەپلا جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئاشىكارىلايدۇ.
ھەر كۈنى سوت تارقالغىنىدا، ھىتلېر يەنە شۇ بىنادىكى كامىرغا قايتۇرۇپ كېلىنەتتى. ئۇ يەردە ئۇنى بىر-بىرى بىلەن ئەزەلى دۈشمەن بولغان روزېنبېرگ بىلەن خانفىستايىنگىل ئىككىسى يوخلاپ كېلىدۇ. رۇزىنبېرگ ئۇنىڭغا كۆڭۈلسىز خەۋەردىن  بىرنى ئېلىپ كېلىدۇ: يوشۇرۇن پارتىيىنىڭ كۈچلۈك بىر گۇرۇھى بىرلەشكەن خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر قىسمى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ بۇ يىل باھاردا ئۆتكۈزىلىدىغان ئومۇم خەلق سايلىمىغا قاتنىشىمىز دەپ چىڭ تۇرىۋالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنداق بىر ئىش پارتىيىنىڭ پائالىيىتىنى گېرمانىيىنىڭ شىمالى قىسىملىرىغىمۇ كېڭەيتىش ئىمكانىنى بېرىدىغان ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، بۇنداق بىر ھەمكارلىق ئىشى گرېگور ستراسسېر (لاندىشۇتتىن كەلگەن بىر ئەپىيونكەش) غا ئوخشاش كىشىلەرنى بەكلا قىزىقتۇراتتى. ستراسسېر، پارتىيە مەملىكەتلىك سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بۇنىڭغا روزېنبېرگنىمۇ قايىل قىلىۋالىدۇ. ھىتلېر بۇ ئىشقا مازاق قىلىپ كۈلۈپ كېتىدۇ. ھىتلېرنىڭ قارىشىچە، مىللىي سوتسيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىنغان بۇ دەۋردە، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارچىلىنىپ كېتىش ئېھتىمالىغا بەكلا يېقىن بىر ۋاقىتتا، باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمەن دېيىش بەكلا خەتەرلىك بىر ئىش ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر بىرلىشىپ سايلامغا قېتىلىشنى ھىتلېر تۈرمىدە تۇرۇپ تەستىقلاپ بېرىشى شەرت ئىدى. قۇۋ تۈلكە ھىتلېر، ئۇنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بۇ پارتىيە ھوقۇقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ئىمكانى بولماي پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ، ئەڭ ياخشىسى پارتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى بىر مەزگىل توختىتىپ تۇرۇپ تۈرمىدىن چىققاندا ئاندىن ئويلىشىش خىيالىدا ئىدى. ھىتلېرنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا پىكىرلىرى مازاق قىلىش شەكلىدە ئىدى: ئەگەر پارتىيىمىز ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ سايلامغا قاتنىشىمەن دەپ يۈرگەن بولسا، ئۇنداقتا پارتىيىمىز ئۆزىنى بەكلا پەس كۆرگەن بولىدۇ! “ئەگەر بىز ناتسىستلار پارتىيىسى نامىدا بۇ ئىشقا تەييارلىق قېلماقچى بولىدىكەنمىز، ئۇنداقتا بىز سايلامغا ئۈلگۈرەلمەيمىز. — دەپ ئېيتتىم ھىتلېرغا دەيدۇ روزېنبېرگ كېيىن ئەسلەپ كېلىپ، — ئۇنداقتا بىز قايتا قانۇنلۇق ئورۇنغا ئېرىشكەنگىچە كۈتۈپ يېتىپ، شۇ چاغدا پارتىيىمىزنى قايتىدىن قانۇنلۇق تەشكىللەپ چىقىشقا مەجبۇر بولىمىز.” روزېنبېرگ ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلغىنىدا، مەن ئۇنى مەجبۇرى بولسىمۇ بۇ ئىشقا قايىل قىلالىدىم دەپ ئويلاپ، پارتىيىنىڭ بىر قېتىملىق خەتەرلىك پارچىلىنىشى ئۈچۈن يول تەييارلاشقا كىرىشىدۇ.
ئەمما خانفىستايىنگىل بىلەن بولغان كۆرۈشۈش بەكلا دوستانە شەكىلدە ئۆتىدۇ: ئۇ ئۈچ ياشلىق ئوغلى ئېگوننىمۇ يېنىدا بىرگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار بۇرۇنقى پىيادىلار ھەربى مەكتىۋىنىڭ بىناسىغا قاراپ يولغا چىققىنىدا خوشاللىقىدىن ئالدىراپ كەتكەن ئوغلىغا “ئاستىراق ماڭ ئوغلۇم!” دەپ بالىسىنى جىكىلەپ ماېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ تۈرمىگە بېرىپ ئادولف تاغىسىنى كۆرىدىغانلىقىدىن بەكلا خوشال ئىدى. مانا شۇ ئادەم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە گېرمانىيىنىڭ داھىسىغا ئايلىنىپ بۇ ئەلنى بۇنداق ئەنسىزچىلىكلەردىن خالاس قىلىۋىتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ خىيالىدا، ئادولف تاغام ھەقىچان داق سىمونت يەردىلا ياتسا كېرەك، ئۇنىڭغا چاشقانلاردىن باشقا ھەمرا بولغىدەك ھېچ كىمى بولمىسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەمما ئېگون تۈرمە ئىچىنى كۆرۈپ ئويلىغانلىرىنىڭ بىرسىمۇ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپلا قالىدۇ: ئادولف تاغىسىنىڭ ياتقان كامىرى باغچىسى بار بىر قورانىڭ ئارقا ھويلىسىدەك بەكلا نورىمال بىر يەر ئىدى. چوڭلار پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن پەيتتە ئۇ بىر ئۈستەلنىڭ تۆپىسىگە چىقىۋېلىپ ئۇلارغا قاراپ ئولتۇراتتى. دادىسى بىلەن بۇ تاغىسى بەكلا قىزغىن سۆھبەتكە كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئېگون بۇ ئىشلارنى كېيىن ھىتلېرنىڭ ئاۋازى بەكلا جاراڭلاپ چىقىقانلىقىنى، ھەتتا ئەكس سادالار ياڭرىتىۋەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن كىچىك ئۈستەلمۇ تەۋرەپ كەتكەنلىكىنى ئاران ئەسلىيەلەيدۇ. ھىتلېر بىر ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئىگىز كۈلىرەڭ كىيىم ئىشكاۋىنىڭ ئۈستىنى سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ بىر قۇتا تاتلىق تۇرۇم ئېلىپ ئۇلارنى چاي قويۇپ مېھمان قىلغانلىقىمۇ ئەسلەيدۇ.
گەرچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ياكى باشقا تەرەپلەردىن ھەر قانچە نارازىلىق كەلگەن بولسىمۇ، بۇ سوت مەھكىمىسى ھىتلېرنىڭ نۇتۇق سۆزلەيدىغان مۇنبىرى بولۇشتىن توختاپ قالمايدۇ. سوت ھۆكۈم چىقىرىشتىن بۇرۇنقى 11-مارت بىلەن 14-مارت ئىككى كۈن ئىچىدە ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنى قالتىس كۆرسىتىۋالىدۇ. رىقابەتچىسى ئەنگىلىيىگە نىسبەتەن بۇ يەردىكى تۈزۈم پەقەتلا باشقىچە بولۇپ، قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، بۇ پەيتتە قارىلانغۇچىنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلىۋېلىشىغا يول قويۇلاتتى، شۇنىڭدەك شاھىتلارنىمۇ چاقىرىپ خالىغىنىچە سۇئال سورىيالايتتى. شۇنداق بولغاچقا، ھىتلېر ئۈچ كاتىۋاشقا جىنايەتچى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ. گېنېرال ۋون لوسسوۋ چاقىرتىلغاندا، ھىتلېر ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ۋارقىرىغىنىچە سۇئال سوراپ كېتىدۇ. ئىگىز بويلۇق، تاقىرباش گېنېرالمۇ بوش كەلمەيدۇ. ئۇمۇ ۋارقىرىغىنىچە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى رەت قىلىپ، ئىنچىكە ئۇزۇن بىگىز قولىنى تاپانچا تەڭلىگەندەك بۇ سابىق ئون بېشى ھىتلېرغا تەڭلەپ ھەيۋە قىلىدۇ. ھىتلېرمۇ ئامالسىز ئۈن چىقارماي ئولتۇرۇپ قالىدۇ. سەل تۇرغاندىن كېيىن، قايتا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ماقۇل كەلگەن بۇ ئۈچ ئەپەندىنى قارىلاپ كېتىدۇ.
گېنېرال ۋون لوسسوۋ ئۇنى قەتئىي كۆزگە ئىلمىغان ھالدا ۋارقىرىغىنىچە سەن دېگەن سىياسىي دۇمباقچىلاردىن قىلچە پەرقىڭ يوق بىرىسەن! دەيدۇ. بۇ چاغدا ھىتلېرمۇ ئۇنى ۋارقىراپ تۇرۇپ ھاقارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋازى شۇنداق قاتتىق چىقىپ كەتتىكى، سوتچىمۇ ئامالسىز ئۇنى ئاۋازىڭنى پەسەيت دەپ ئاگاھلاندۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. دېگەندەك ھىتلېرمۇ ئاۋازىنى پەسەيتىدۇ. ئەمما لوسسوۋ ئۇنىڭغا: سەن دېگەن بىر تەرەپتىن ھېسسىياتىڭ بىلەن ئىش قىلساڭ، يەنە بىر تەرەپتىن رەھىمسىزلىك بىلەن ئىش قىلىدىغان بىرىسەن دېيىشى بىلەن، ھىتلېرمۇ قايتا ئۆزىنى تۇتىۋالالمايلا قالىدۇ. بۇ قېتىم، پاپىلار چۆچىكىدىكى قۇتىدىن چىققان ۋىجىكلەردەك چىچاڭشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ. “سېنىڭ چىرايلىق گېپىڭ نەگە كەتتى؟ ھېسسىياتىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان، رەھىمسىز ھىتلېر مۇشۇمىدى؟”
لوسسوۋ ھىتلېرغا تىكىلىپ قارىغىنىچە سوغۇققانلىق بىلەن مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: “ياق ئۇنداق ئەمەس، نىيىتى بۇزۇق ھىتلېر دېيىشىم كېرەك.” بۇ گەپتىن كېيىن قايتا بىر مۇنچە تىللاشلار باشلىنىپ كېتىدۇ. لوسسوۋ ئامالسىز باش سودىيىگە قارايدۇ. بۇ چاغدا سوتچىمۇ ھىتلېرغا بىر نېمە دېمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ گېنېرال سوتچىغا تازىم قىلىپ سوت مەيدانىدىن چىقىپ كېتىدۇ. شۇ چاغدىلا سودىيە نېيتخاردت دۇدۇقلىغىنىچە ھىتلېرنىڭ بۇ قىلغىنى كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىق،191 بۇنىڭغا يول قويالمايمىز دەيدۇ. “توغرا دەيسىز، مەنمۇ بۇ تەنقىدىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن” دەيدۇ ھىتلېرمۇ مازاق قىلغاندەك ئاۋازدا.
“شۇ قېتىمقى غەلىتە سوتنى ئېسىمگە ئالساملا يىرگىنىپ ئازابلىنىپ كېتىمەن” دەيدۇ گېرمانىيىلىك بىر مۇخبىر كېيىن ئەسلەپ. ئۇ يەردە يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار مېنى ئىختىيارسىزلا ميۇنخېندا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىياسىي تەنتەنىنى ئەسلەتتى. تىنماي ئەيىپلەنگۈچىگە ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلىشىگە يول قويغان سوت، ھىتلېرنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلىگىنىدىن كېيىن بىر كەسىپ ئەھلى بولمىغان سوتچىنىڭ “ھىتلېر دېگەن بۇ كىشى قالتىس مەرت بىر ئادەم ئىكەن” دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ سوتچى بىرسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ (بۇ كىشى دەل ھىتلېر ئىدى) ئىمپېرىيىنىڭ ئاڭ يۇقۇرى سودىيىسىنى مازاق قىلىشىغا يول قويغان بىر باش سوتچى ئىدى (مەسىلەن “جاناپ، فرىتز ئېبېرت ئەپەندىم …” دېگەندەك گەپلىرىگە يول قويغان). بىر ئەمەلدار ئوتتۇرىغا چىقىپ سەپدىشى بىلەن ئېنگلىزچە سۆزلىشىۋاتقان بىر ئامېرىكىلىق مۇخپىرغا: “مېنىڭ ئالدىمدا نېمىسچە سۆزلە!” دەپ ۋاقىرىدى. بىر ئەيىپلەنگۈچى ئۆزىنى قايسى بىر گېزىتنىڭ كارىكاتۇرىچىسىنىڭ ماتېرىيالى قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى دېگەندە، ئۇ سوتنىڭ سودىيىسى ئۇ مۇخبىرنى سوتقا كىرىشىگە يول قويمىدى. “يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار ميۇنخېن رەسىملەر توپلىمىدىكى چوڭ سىياسىي تەنتەنە قىلىش بايرىمىدىلا يۈز بېرىدىغان ئىشلار ئەمەسمىدى؟”
بۇنداق ھاياجانلىق مۇھىت تا سوت ئاخىرلاشقىچە داۋام قىلىدۇ. ھىتلېرنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ئۆزىنى ئاقلاشلىرى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق نۇتقىدىمۇ ئەڭ يوقىرى پەللىگە كۆتۈرلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق نۇتقىنىڭ بىر قىسمى ئەيىپلەشلەر بىلەن، يەنە بىر قىسمى ئۆزىنى قاچۇرۇش بىلەن، يەنە بىر قىسمى بولسا تىل-ھاقارەتلەر بىلەن تولغان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇنىڭ نۇتقى باشتىن ئاخىرغىچە كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇراتتى. ھەقىقەتەنمۇ ئۈنىمىنى كۆرسەتكەن ئىدى. گېرمانىيە قانۇنلىرىغا ئاساسەن ئەيىپلەنگۈچى ئەڭ ئاخىرىدا سوزگە چىقىش ھەققى بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولغاچقا، ھىتلېر باشقىلارنىڭ ئۇنى مىللەتچىلىك ھەرىكىتىدىكى سىياسىي دۇمباقچى، ئۇ پەقەتلا قارا نىيەتچى بىرسى دېيىشىنىمۇ تۈپتىن ئىنكار قىلىپ سۆزلەيدۇ. ئۇنى مىنىستىر بولماقچى دەپ قارىلاشنىمۇ بەكلا كۈلكىلىك ۋە بىمەنىلىك دەيدۇ. “باشتىن تارتىپلا مېنىڭ نىشانىم بىرەر مىنىستىر بولۇشتىن مىڭلارچە مەرتىۋە ئۈستۈن. مېنىڭ غايەم ماركسىزمنى بىتچىت قىلىپ تاشلاش. مېنىڭ بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپىنى ئورۇندىشىم ئالدىدا مىنىستىر دېگەن بۇ تاج، ھېچ نېمىگە ئەرزىمەيدىغان بىمەنە ۋە كۈلكىلىك بىر نەرسە ھېسابلىنىدۇ.” ھىتلېر سەل تۇرىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ئەسلى ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ: “تۇغۇلىشىدىنلا مۇستەبىت بولغان بىرسىنى ھەرگىزمۇ بىرەر ئىشقا زورلاش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداق بىرسى قىلماقچى بولغان ئىشىنى خالىغىنىچە قىلالايدۇ؛ ئۇنداق بىرسى باشقىلارنىڭ ھەيدەكچىلىكى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزىنى ئۆزى زورلاپ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. بۇ يەردە كەمتەرلىك قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. … ئۆزىنى خەلققە ھۈكمىرانلىق قىلىشقا ئۈندەلگەن بىرسى كىچىك پىيىل بولىۋېلىشقا ھەققى يوق. ئەگەر سىلەر ماڭا مۇھتاج بولساڭلار ياكى مېنى بىرەر ئىشقا ئۈندىمەكچى بولساڭلار مەن سىلەر بىلەن ھەمكارلىشالىشىم مۇمكىن. ئۇنداق بولمايدىكەن، مېنىڭمۇ ئۆزەمگە تېگىشلىك ئۈستۈمگە ئالىدىغان مەسئولىيەتلىرىم بار!”
ھىتلېر سوتقا يەنە مۇنداق دەيدۇ: نويابىر قوزغىلىڭى مەغلۇب قىلىنغان بولسىمۇ، كىشىلەر چوقۇم ماڭا گېرمانىيىنىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن داھىلىق ئورنىنى سوغات قىلىدۇ. چۇنكى ئارمىيە بىلەن قوزغىلاڭنى ھىمايە قىلىدىغان غايىلىك خەلق چوقۇم بىر كۈنى بىر-بىرسىنى چۈشىنىپ يارىشالايدۇ. “مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۈگۈن كوچىلاردا كرىست بايرىقىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن خەلق ئاممىسى بىلەن ئۇلارغا ئوق چىقارغان كىشىلەر بىر گەۋدە ھالىغا كىلىدىغان دەۋر چوقۇم كېلىدۇ. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى ئاققان قان بىزنى مەڭگۈلۈك ئايرىۋىتەلمەيدۇ. مەن شاھىت بولغان نەق مەيداندا شەھەرلىك ساقچىلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئوق چىقارغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ چاغدا شۇنى خوشاللىق بىلەن كۆردۈمكى، ئاۋال ئوق چىقارغانلار ھېچ بولمىغاندا دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسىدىكىلەر ئەمەس ئىدى؛ ھەربىيلەر يەنىلا شۇ بۇرۇنقى مەيدانىدا تۇرغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۆزىنى بولغىمىغان. ھەربىيلەر، مەيلى ئوفىتسېر ياكى ئەسكەر بولسۇن، بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغان كۈنلەر چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ.”
“ھىتلېر ئەپەندىم، — دەيدۇ سوتچى نېيتخاردت ھىتلېرنىڭ دېگىنىگە نارازلىق بىلدۈرۈپ، — سىز شەھەرلىك ساقچىلار بۇلغىنىپ كەتكەن دېدىڭىز. مەن سىزنىڭ بۇنداق دېيىشىڭىزگە يول قويالمايمەن.”
ھىتلېر بۇ سوتچىنىڭ دېگەنلىرىگە پەرۋامۇ قىلماي ئۆزىنىڭ نۇتقىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن سۆزلەپ پۈتتۈرىدۇ: “بىز بەرپا قىلغان ئارمىيە كۈنسايىن كۈچىيىپ بارماقتا،192 تېزلىك بىلەن كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ بارماقتا. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدىمۇ مەن يەنىلا مەغرۇرلانغان ھالدا شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، چوقۇم بىر كۈنىسى، بىزنىڭ دەسلەپكى يېڭى ئەسكەرلىرىمىز روتىدىن باتالىيونغا، باتالىيوندىن پولكقا، پولكتىن دىۋىزىيىگە تەرەققى قىلىپ، بۇرۇنقى كاكارلىرىنى پاتقاقلار ئىچىدىن تېپىپ قايتا چېكىسىگە تاقايدۇ، بۇرۇنقى بايراقلىرىنى ئالدىمىزدا قايتا لەپىلدىتىدۇ؛ شۇ ۋاقىتتا بىز قايتا `ھۆكۈم چىقىرىدىغان سوت` قا، يەنى تەڭرىنىڭ سوتىغا چىقىپ چۈشىنىش ھاسىل قىلالايمىز. ئەنە شۇ چاغدا، بىز قايتىدىن سوتقا چىقىمىز، ئەنە شۇ ۋاقىتتىلا بىزگە ھۆكۈم چىقىرالايدىغان سوت ئاۋازى، بىزنىڭ قالدۇق سۈڭەكلىرىمىز ئارىسىدىن، بىزنىڭ قەۋرىلىرىمىز ئارىسىدىن جاراڭلاپ ياڭرايدۇ. چۇنكى، ئەپەندىلەر، بىزگە ھۆكۈم قىلىدىغانلار ھەرگىز سىلەر بولالمايسىلەر؛ بىزنى پەقەت مەڭگۈلۈك تارىخ سوتىلا ھۆكۈم قىلىشقا ھەقلىق.”

سۆز بىلەن بولغان بۇ جەڭدە ھىتلېر غالىپ كەلگەن ئىدى. سوت مەھكىمىسى تەنەپپۇسقا چىقىپ قانداق ھۈكۈم چىقىرىش ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىشۋاتقىندا، نۇرغۇنلىغان كۈزەتكۈچىلەر ھىتلېر چوقۇم گۇناھسىز دەپ ھۈكۈم قىلىنىدۇ دېيىشكەن ئىدى. سودىيە نېيتخاردت، پۈتۈن پاكىتلارغا قارىماي لۇدېندورفنى قويىۋېتىشتە چىڭ تۇرىدۇ. پۈتكۈل سوت جەريانىدا ئوغۇرلۇقچە ھىتلېرغا قاراپ ئولتۇرغان سوتچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قالغان ئۈچ نەپەر كەسىپ ئەھلى بولمىغان سوتچىلار، ئاساسلىق ئەيىپلەنگۈچىنى قويۇپ بېرىشكە بىردەك ماقۇل بولىشىدۇ. “مېنىڭ ئۆزەمنى ئاقلاش سۆزۈمگە ئاساسەن، — شۇ قېتىملىق سوت ھۈكۈمىنى باھالايدۇ ھىتلېر سوت تۈگەپ خېلى ئۇزۇن بىر ۋاقىتتىن كېيىن، — ئۇلار كاھل، لوسسوۋ ۋە سېيسېرلارنىڭمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش گۇناھكار ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنەتتى. سوت ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرسەم، ئەگەر قويۇپ بېرىشكە ھۈكۈم چىقسا بۇ دېلو لېيپزىگ سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلۇش خەۋىپى بارلىقىنى ئېيتقان. ئىشنىڭ بۇ تەرىپىنى ھۆكۈم چىقارغۇچىلار ئويلانماي بولمايتتى. ئۇلار، مېنىلا گۇناھكار دەپ ھۈكۈم قىلىشسا بۇ ئىش بىر قەدەر بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى، شۇنداق بولغاندا يەنە كېلىپ ئۆزلىرىنىمۇ ئاسىراپ قالالايدىغانلىقىنى ئويلاپ قارار بېرىشىدۇ. يەنى ھۈكۈمدىن كېيىن يېرىم يىل ئۆتكەندە مېنى كېچىرىم قىلىۋەتسىلا ئىش پۈتىدۇ دەپ قارىغان ئىدى.”
ئاپرېلنىڭ بىرىنچى كۈنى، ياردەمچى سودىيە ئېھارد ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن سوت مەھكىمىسى زالىغا كىرگىنىدە زال ئىچىنىڭ ھەممىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان بۇ ئۈلگىلىك ئەركەك ئۈچۈن گۈل تەغدىم قىلماقچى بولغان ئاياللار بىلەن لىق تولغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ دەرھال بوۇيرۇق بېرىپ ئوتتۇردىكى گۈللەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ چىقىرىپ تاشلاتقۇزىدۇ. يەنە بىر قىسىم ھىتلېرنى ھىمايە قىلىدىغان ئاياللار ھەتتا “بىزگە ھىتلېر يۇيۇنغان ۋاننىدا يۈيۈنىۋېلىشىمىزغا رۇخسەت بېرىڭ” دەپ يالۋۇرۇپ تۇرىۋېلىشىدۇ. چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندىن كېيىن، ئەيىپلەنگۈچىلەرنى بىر يەرگە توپلاپ رەسىمگە تارتىدۇ. لۇدېندورف پۈتۈنلەي ھەربى كىيىم كىيگەن، بېشىدا مىس قالپاق، چىرايى غەزەپ بىلەن تۈرۈلگەن ئىدى. ھىتلېر بولسا ئۇچىسىغا ھەربى پەلتوسىنى كەيگەن، كەمەرسىز، يىپەك قالپىقىنى قولىغا ئالغان ھالدا لۇدېندورفنىڭ سول تەرىپىدە تۇراتتى. ھىتلېرنىڭ ھەربى پەلتۇسى پاك-پاكىزە يۇيۇپ دەزماللانغان بولۇپ، بىر قارىماققا خۇددى يېڭى پەلتودەكلا كۆرۈنەتتى. چاچ-بۇرۇتىمۇ قىرقىپ تەكشىلەنگەن، چېچى بىر ياندىن ئالدىغا چۈشۈپ تۇرغان، بەكلا خاتىرجەم، ئۆزىگە ئىشەنچى تولۇق، سالامەتلىكىمۇ ياخشى، خۇددى ئىشلىرى يۈرۈشۈپ كەتكەن سودىگەرگىلا ئوخشايتتى. ئۇ سەمىرىپ 170 پوندقا يېتىپ تۇنجى قېتىم قۇرساق سالغان ھالدا كۆرۈنگەن ئىدى.
ئەيىپلەنگۈچىلەر سوتقا يالاپ كەلتۈرۈلگەن ۋاقىتتا بىنا سىرتىدا نۇرغۇنلىغان ئادەم يىغىلغان ئىدى. ھۈكۈمنامىنى ئېلان قىلىش ئىشى بىرەر سائەتتەك داۋام قىلىدۇ. ھىتلېرغا (پۆھنېر، كريېبېل ۋە ۋېبېر لار بىلەن بىرلىكتە) 5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ لاندسبېرگ تۈرمىسىگە قامىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندا سوت زالىدا جىم-جىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. جازا مۇددىتى تۇتۇپ تۇرۇلغان 6 ئاي چىقىرىپ تاشلىنىپ يېرىم يىل قىسقارتىلىدۇ. پەرەز قىلىنغاندەك، لۇدېندورف گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ قويۇپ بېرىلىدۇ. لۇدېندورف ئۆزىنىڭ يوقىرى مەرتىۋىلىك ئورنىغا قىلىنغان بۇ ئېتىۋارلىنىشقا نىسبەتەن مەغرۇرلىقىنى نامايەن قىلىپ، قوزغىلاڭغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئىنكار قىلغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ: “بۇ قېتىملىق قويۇپ بېرىلىشىم، ماڭا نىسبەتەن بىر ھاقارەت، بۇ قويۇپ بېرىلىشىمگە ھەرگىزمۇ مېنىڭ ھەربى فورمام بىلەن مەيدەمدىكى ئوردىنلىرىم سەۋەپ بولغان دەپ قارىمايمەن.” ئۇنىڭ بۇنداق قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشى باش سودىيە نېيتخاردتنى قاتتىق غەزەپلەندۈرۈش بىلەن تەڭ،193 يەنە ئۇنى تەڭسىزلىك ئورۇنغىمۇ چۈشۈرۈپ قويىدۇ. چۇنكى ئۇ، بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىلىشكە مەسئۇل ئاساسلىق كىشى ئىدى.
ھىتلېر گۇناھكار دەپ ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ يەنىلا سوتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. سوت، ھىتلېرنى قارشى ئېلىنمايدىغان بىر چەتئەللىك دەپ ئاۋسترىيىگە يالاپ ئاپىرىۋېتىشنى رەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “ھىتلېر، نېمىسلەشكەن بىر ئاۋسترىيىلىك. سوتىمىز شۇنداق قارايدۇكى، ھىتلېرغا ئوخشىغان ئىدىيىسى، ھېسسىياتىدىن تارتىپ نېمىسلىشىپ بولغان بىرسىگە، ئۇرۇش مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىدە پىدائى بولۇپ 4 يىل ئەسكەر بولغان، دۈشمەن ئالدىدا قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ يۈكسەك شان شەرەپكە ئېرىشكەن بىرسىگە، ئۇرۇشتا يارىلىنىپ، سالامەتلىكى بۇزۇلغان شەرەپلىك بىر ھەربىگە، … ’جۇمھۇرىيەت قوغداش قانۇنى‘ نى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرا ئەمەس.” سوت مەھكىمىسى ھىتلېرغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە بولغان ئۈچ نەپەر دۈشمىنىگە مەنسىتمەسلىك بىلەن قارايدۇ. بۇ ھەقتە سوت مەھكىمىسى، ئەگەر كاھل، لوسسوۋ ۋە سېيسېر ئۈچىسى “ھىتلېرغا بىز سىلەر قوزغىغان قوزغۇلاڭغا قاتنىشىشىمىز قەتئىي مۇمكىن ئەمەس دەپ كېسىپ ئېيتقان، ياكى 8-نويابىر ئاخشىمى، ئەيىپكار قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ ئەمەلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، ئەگەر بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە ھەمكارلاشقان بولسا ئىدى، بۇنداق بىر پاجىئەلىك ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىدى.”
ھىتلېرغا چىقىرىلغان ھۈكۈم بىرىنچى بولۇپ ئېلان قىلىنىدۇ. قالغانلارغا چىقىرىلغان ھۈكۈمنامە ئېلان قىلىنغاندا، نامايىش يۈز بېرىپ قالمىسۇن دەپ ئۇنى دەرھال يالاپ چىقىپ سىرتتا توختىتىلغان پىكاپقا ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ. گۈگۈم ۋاقتىدا، ھىتلېر 7-نومۇرلۇق تۈرمە كامىرىغا يالاپ ئاپىرىپ قامىلىدۇ. ئۇ سوتتىكى ۋاقتلاردا كامىر ئىچى قايتىدىن ياساپ بىزەلگەن بولۇپ، كىشىنى تېخىمۇ بەك جەلىپ قىلارلىق ھالغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇرۇنقى غەيرىتى كەلمەسكە كەتكەن ئىدى. گۇندىپاي فرانز ھېمرىخ، “ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ بەتەر ئازاپلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى” دەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بۇنداق روھسىز ھالىتى ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ. كۆپ ئۆتمەي، ئۇ چامادانىدىن يېڭى بىر خاتىرە دەپتىرىنى چىقىرىپ باش بېتىنىڭ ئۈستىنكى ئوڭ بۇرجىكىگە مۇنداق سۆزلەرنى يازىدۇ: “دۇنيا يوقۇلۇشقا باشلاپ، پۈتۈن يەرشارى يىمىرىلىپ كەتسىمۇ ھەققانىيەت ئىشلىرىغا بولغان ئىشەنچىمدىن ھەرگىز يانمايمەن.” بۇ سۆزلىرىگە يەنە مۇنۇ سۆزلەرنىمۇ قوشۇپ قويىدۇ:
مانا بۈگۈن، ئىچى تار، شەخسى ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان سوت ئاخىرى ئاخىرلاشتى. بۈگۈندىن باشلاپ مېنىڭ كۈرىشىم باشلاندى.  
                                —   1924-يىلى 1-ئاپرېل — لاندسبېرگ تۈرمىسى
پەقەت قوزغىلاڭچىلارنىلا تاقەتسىزلەندۈرۈپ كەلگەن سوت ئىشلىرى ئاخىرلاشقان ئىدى. ھىتلر گەرچە بىر مەيدان تەشۋىقات جېڭىدىن غالىپ چىققان بولسىمۇ ئاقىۋەتتە ئۇ بەرىبىر تۈرمىگە قامالغان ئىدى. ھىتلېرغا مەلۇمكى، ئەندى ئۇ، بۇ تۈرمىدە تۆت يېرىم يىل قامىلىپ يېتىشى كېرەك ئىدى. گېرمانىيىدىكى بەكلا كۆپ كىشىلەر ھەمدە غەرب دۇنياسىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، ھىتلېرنىڭ ۋەتەن ساتقۇچلۇق ۋە قۇراللىق توپىلاڭ چىقىرىش جىنايىتى بىلەن جازالاندۇرۇلغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ئىدى. لوندوندا چىقىدىغان «تايمىس» گېزىتى بۇ ئىش ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ كېلىپ، “قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ قېتىمقى سوت شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئىمپىرىيە ئاساسى قانۇنىغا قارشى سۈيىقەست ھەرىكەتلىرى باۋارىيىدە ئۇنچە بەك ئېغىر جىنايەت ھېسابلانمايدىكەن.”

3
تۈرمىنىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە ھىتلېرنىڭ ئىككى نەپەر سپدىشى قاماقلىق ئىدى. يەنى كاپىتان كريېبېل 8-نومۇرلۇق كامىردا، “ئوبېرلاند ئىتتىپاقى” نىڭ رەھبىرى، مالدوختۇر ۋېبېر بولسا 9-نومۇرلۇق كامىردا ئىدى. ھىتلېر ھەر كۈنى دېگىدەك تۆمۈر رىشاتكىلىق كامىر پەنجىرىسىنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ يۈرسىمۇ، بۇ يەردىكى تۇرمۇشقا يەنىلا بەرداشلىق بەرگىلى بولاتتى.194 ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دا، كېچىلىك كۈزەتتە تۇرغان گۇندىپاي ئىشتىن چۈشۈپ ماڭغىنىدا كامىر ئىشىكى ئېچىلاتتى. ھىتلېر كىيىملىرىنى كىيىپ، يۈز-كۆزىنى يۇغاندىن كېيىن كۈتۈپ ئولتۇراتتى (“ئۇ چىش ۋە ئېغىزلىرىنى ئاسىراشقا بەكلا دىققەت قىلاتتى. بۇنى ئۇ ئۇرۇشتا زەھەرلىك گازدىن زەھەرلىنىش ۋاقتىدىن باشلاپ ئادەت قىلىۋالغان ئىدى”). بىرەر سائەتتىن كېيىن، ئىشەنچ قازانغان جىنايەتچىلەرگە ئاممىۋى  سىياسىي جىنايەتچىلەر بۆلۈمدە ناشتىلىق بېرىلەتتى. ناشتىدا قەھۋە بىلەن بولكا ياكى پۇرچاق شويلىسى بېرىلەتتى. سائەت 8 بولغاندا ھويلا بىلەن گۈللۈكنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، جىنايەتچىلەرگە ئۇ يەردە چېلىشىش، بوكسورلۇق مەشقى قىلىشىغا ياكى قوش تورنىك ۋە ياغاچ ئاتتا بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا يول قويۇلاتتى. ھىتلېرنىڭ مۆرىسى يارىلانغان بولغاچقا، ئۇ رېپىرلىق قىلىش بىلەنلا ۋاقىت ئۆتكۈزەتتى.
يېرىم سائەتتىن كېيىن، جىنايەتچىلەر گۈللۈكنىڭ ئۇزۇن تار يولىدا ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىشاتتى. گۈللۈكنىڭ يان تەرىپى تۈرمە بىناسى، يەنە بىر تەرىپى 20 فۇت ئىگىزلىكتىكى تۈرمە تېمى بىلەن قورشالغان ئىدى. ھىتلېر بۇ يەردە شېغىللىق يولدا مېڭىپ ئايلىنىشنى ئادەت قىلىۋالىدۇ. ئۇ ھەر دائىم شوپۇرى ئېممىي ماۋرىس بىلەن بىرلىكتە بۇ شېغىللىق يولدا ئايلىناتتى. ئۇ مېڭىپ يۈرۈپ خاتىرىسىگە يېڭى يازغان سىياسىي نەزەرىيە مەسىلىلىرىنى تەكرارلايتتى. “بەزى ۋاقىتلاردا، — دەيدۇ فرانز ھېمرىخ ئەسلىمىسىدە، — بۇرۇن ھۇجۇمچىلار ئەترىتىگە ئەزا بولغان جىنايەتچىلەر بىلەن بىرگە ئايلانغاچ پارتىيە مارشىنى ئېيتىشاتتى. دەسلىۋىدە بىز ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا بەك دىققەت قىلىپ كەتمەپتۇق. يەنى ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنى شىئېر ئوقۇشتىن توسمىغان ئىدۇق. كېيىن بىر كۈنلىرىگە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئوقۇيدىغان جىنايەتچىلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ تىنچلىقىنى بۇزۇشقا باشلىدى. شۇڭا بىزمۇ ئۇلارنىڭ يىغىلىپ ناخشا ئېيتىشىىغا چەك قويدۇق.”
چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئون بولغاندا، مەھبۇسلار كامىرلىرىغا قايتۇرۇلۇپ كەلگەن خەت-پوسولكىلىرى تارقىتىلاتتى. بەكلا كۆپ مىللەتچى تەشكىلاتلار بىلەن ھىتلېرغا چوقۇنغۇچىلار ھەر دائىم يەيدىغان نەرسىلەرنى ئىۋەرتىشەتتى. ھىتلېر ئەپىيۇن ئۇرۇقى قوشۇپ تەييارلانغان نىپىز قاتلىما كەلسە بەكلا سۈيۈنۈپ كېتەتتى. بۇ خىل قاتلىما ئاۋسترىيىگە خاس بىر تۈرلۈك ئالاھىدە يىمەكلىك ئىدى. بۇ خىل قاتلىمىنى ناتسىستلار پارتىيىسىدىن بولغان بىر تۈركۈم ئاياللار ھەر ھەپتە ئىۋەرتىپ تۇراتتى. ئەمما دوكتور ۋېبېر ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: فۈھرېرىمىز ئۆزىگە كەلگەن كاۋاپ، قېيزا ۋە ئىسلانغان سان گۆشلىرىنى ھەمرالىرىغا ئۆلۈشتۈرۈپ بېرەتتى. بولۇپمۇ بىرىنچى قەۋەتتىكى كامىردا تۇرىدىغانلار بۇنداق سوۋغىلاردىن ھەر دائىم نىسىپ بولۇپ تۇراتتى. “ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈستىنكى قەۋەتتە تۇرىدىغانلار ئاۋانگارت ئۇنسۇرلاردىن ئىدى. شۇنداق، تۈرمىدىمۇ دەرىجىگە ئايرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ئىدى. ئۇلار قانۇن ئالدىدا ھوقۇقتا تەڭ باراۋەر بولالمايلا قالماي، بۇ يەردىكى مەھبۇسلۇق تۇرمۇشىدىمۇ تەڭ-باراۋەرلىكى يوق ئىدى.”
چۈشكە يېقىن سىياسىي جىنايەتچىلەر ئاممىۋى بۆلۈمدە چۈشلۈك تاماق يەيتتى. ئادەتتە ئۇلارنىڭ تامىقى كورىلاردا كەلتۈرىلەتتى. كورىلار ئۈستەلگە تىزىلغاندىن كېيىن باشقىلار ئولتۇرماي ئورۇنداق كەينىگە ئۆتۈپ كۈتۈپ تۇرىشاتتى. ھىتلېر تاماقخانىغا كىرىشى بىلەن تەڭ، ئارىدىن بىرسى “دىققەت!” دەپ توۋلايتتى. ھىتلېر ئۈستەل ئالدىغا كەلگىنىدىن كېيىن “باشقىلار نۆۋەت بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بېرىشەتتى.” دەستىخان ئۈستىدە سىياسىي پاراڭلار بەكلا ئاز بولاتتى. ھىتلېر كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا كىشىلەر بىلەن تىياتىر، سەنئەت ۋە ئاپتوموبىل ھەققىدە پاراڭلاشقاچ تاماق يەيتتى. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ئۇلار ئۈستەل يىغىشتۇرۇلۇش ۋاقتىدا تاماكا چەككەچ 15 مىنۇتتەك پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. ئاندىن ھىتلېر دەستىخاندىن تۇرۇپ كامىرىغا قايتاتتى (ئۇ ئەڭ ئۈستى قەۋەتتە تۇراتتى) ياكى كىتاب كۆرۈش، خەت ئوقۇش ۋەياكى كۈندىلىك خاتىرە يېزىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەردە يەنە شۇ ئاممىۋى ئۆيدە چاي ياكى قەھۋە ئىچىشەتتى. سائەت 5 كە چارەك قالغاندا گۈللۈك ئىشىكى قايتا ئېچىۋېتىلەتتى. ھىتلېر بەزىدە يالغۇز، بەزىدە ماۋرىس بىلەن بىرگە بىرەر سائەت باغچىدا ئايلىناتتى. سائەت 6 دا مەھبۇسلار ئۆز كامىرلىرىدا كەچلىك تامىقىنى يەيتتى. تاماقتا بېلىق، قېيزا ياكى سالات بېرىلەتتى. خالىغانلارغا يېرىم لىتىر پىۋا ياكى ئازىراق ئۈزۈم شارابى سېتىۋېلىپ ئىچىشىگە رۇخسەت ئىدى. ئاندىن يەنە بىرەر سائەتتەك بەدەن چېنىقتۇرۇش ياكى ھاۋالىنىپ ھەركەت قىلغااندىن كېيىن مەھبۇسلار بىر-بىرلەپ ئاممىۋى ئۆيگە يىغىلىپ خوشلىشىپ ھەر قايسى ئۆز كامىرلىرىغا تارقىلاتتى.  ئاخشىمى سائەت ئوندا چىراق ئۆچەتتى.
بەزىدە ھىتلېر كۈندىلىك مەشغۇلات جەدۋىلىنى ئۆزگەرتىپ، ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن كامىرىغا قايتىپ ئۆگۈنۈش قىلاتتى ياكى مېھمان كۈتەتتى.195 ھىتلېرنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتىگە بەكلا تىز ئېتىقات قىلىدىغان ھالغا كەلگەن ھېمىرىخنىڭ ئەسلىمىسىدىن قارىغاندا ھىتلېر سەپداشلىرىغا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇ ھەربى سەپتىن كەلگەن بىرسى بولغاچقا ھەربىلەرگە خاس ئىنتىزامچانلىققا ئىگە ئىكەن. تۈرمىدە جىنايەتچىلەر ئارىسىدا بىرەر قېتىممۇ ۋارقىرىشىپ جىدەللىشىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ. “ھىتلېر ھەممىنى باشقۇرۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بارلىقى بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا ۋە بىزگە قاراش ئىشلىرىغا بەكلا كۆپ ياردىمى تەگدى.”
كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھىتلېر “بەكلا خوشال” يۈرەتتى. ئەمما بىرەر يامان خەۋەر كېلىپ قالغىدەك بولسا جىمىپ گەپ قىلماي جىددىلىشىپ قالاتتى. بولۇپمۇ ئۇنى پارتىيە ئىچىدە يۈز بېرىدىغان تۈگىمەس تالاش-تارتىشلار بەكرەك ئەنسىرتەتتى. چۇنكى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىش خەۋىپى كۈندىن-كۈنگە ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ تۈر بۆلۈنۈشكە سەۋەپ بولغان ئاساسلىق ئامىل ئۇنىڭ ئەتىراپتىكىلەرگە بەرگەن يوليورۇقلىرىنىڭ بەكلا مۇجىمەل بولىشى ئىدى. روزېنبېرگ بۇ كۈنلەردە ستراسسېر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ باۋارىيە شىتاتلىق سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاپ قۇۋەتلىمەكتە ئىدى. تېخىمۇ قىزىقى، لۇدېندورفنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۇ ئىككىسى “مىللى سوتسىيالىزم ئەركىنلىك ھەرىكىتى” دېگەن بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش بىلەنلا قالماي، يەنە سايلامغا 32 نەپەر دېپوتات نامزاتىنىمۇ چىقىرىشقان ئىدى.
باۋارىيە ئومۇمى سايلىمى ئاپرېل ئېيىدا دەسلەپكى سايلىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ سايلامدا ئىسمى چىقمىغان ئادەتتىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار كۈتۈلمىگەن نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 191 مىڭ 9 يۈز ئاۋازغا ئېرىشىپ “باۋارىيە خەلق پارتىيىسى” دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇنغا ئېرىشىدۇ. بۇ غالىبىيەت، گيۆرىڭ ئەر-خوتۇن ئىككىسىنى بەكلا خوش قىلىۋېتىدۇ. گيۆرىڭنىڭ ئايالى كارىن ئاۋسترىيىدىن ئاتىسىغا يازغان خېتىدە،”… بۇ نەتىجە بىزگە ئوخشىغان چەت دۆلەتلەردە ياشايدىغانلار ئۈچۈن بىر كەچۈرۈم ھېسابلىنىدۇ. ئىشەنمەيلا قالدىم، بەكلا خوشالمەن. بۇ كۈنلەردە بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ھەقىقەتەنمۇ قىيىن. پەرىزىمىزچە، شىمالى گېرمانىيىدە، ھىتلېر بىلەن ئۇنىڭ پارتىيىسى تېخىمۇ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشەلىشى مۇمكىندەك قىلىدۇ. قارىغاندا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھىتلېر چوقۇم تەختكە چىقىدىغاندەك قىلىدۇ. قەدىردان ئاتا، مېنىڭ ئۇنىڭغا نەقەدەر ئىشىنىدىغانلىقىمنى پەرەز قىلالمايسەن. بۇ ئادەم ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل بىرسى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر تالانت ئىگىسى، ماڭا ئىشەن ئاتا، بۇ ئادەم تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا بېغىشلىغان بەكلا كام كۆرۈلىدىغان بىر تالانت ئىگىسى!”
ئارىدىن بىرەر ئاي ۋاقىت ئۆتكەندە مەملىكەتلىك ئومۇمى سايلام مۆلچەرلەنگەن ئۇتۇق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. يېڭىدىن قۇرۇلغان “مىللى سوتسيالىزم ئەركىنلىك ھەرىكىتى” ئىككى مىليوندەك ئاۋازغا ئېرىشىدۇ. 34 نەپەر نامزاتتىن ستراسسېر، رۆم، فەدېر، فرىك ۋە لۇدېندورف قاتارلىق كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 32 نەپىرى سايلىنىدۇ. كۈلكىلىك بولغىنى، بۇرۇن بۇنداق بىر قاراشقا قارشى چىققان ھىتلېر بۇ قېتىمقى سايلامدا نەتىجىگە ئېرىشىشتە ئاساسلىق ئامىل بولغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ سوتتىكى نۇتقى “مىللى سوتسىيالىزم” قارىشىنى نۇرغۇنلىغان سايلىغۇچىلارغا تونۇتقان ئىدى. ھىتلېر شۇ قېتىمقى سوتتا كۈچلۈك ئىرادە ۋە ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بىلەن بايان قىلغان كۆزقارىشىنى بۇ ئاۋاز بەرگۈچىلەرگە چوڭقۇر يەرلەشتۈرىۋەتكەن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىملىق ئۇتۇققا تۆھپە قوشقان تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىر قالدۇرالىغان يەنە بىر ئامىلمۇ بار بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن ئىرقچىلىق ئەقىدىلىرى ئومۇمىي يۈزلۈك كېڭىيىپ بارماقتا ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلغان پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى كۈچلۈك ئىسلاھات تۈپەيلىدىن توساپ قېلىنغان، ئائىلە ۋە دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ھاللىق سىنىپلار بىلەن ئىشچىلار سىنىپى ئىچىدىكى ئىشسىزلار بۇ قېتىمقى سايلامغا ئۇنچە بەك قىزىقىپ كەتمىگەن ئىدى.
بۇ قېتىمقى سايلام نەتىجىسىدىن ھىتلېرنىڭ ئۇنچە بەك رازى بولۇپ كەتمىگەنلىكىنى چۈشىنىشكە بولاتتى. لۇدېندورف بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۇتۇغلۇق بولۇپ چىقىشنى ئۆزىنىڭ تۆھپىسى دەپ قارىماقتا؛ شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىمۇ ئۇنىڭغا بىر دەسمايە بولۇپ بەرگەن ئىدى. ئەمما ھىتلېر، بىر تەرەپتىن قىزغىن ئالقىشلانغان كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا مەجبۇرلانغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۆزى قۇرۇپ چىققان قانۇنسىز پارتىيىسىنى يۇتۇپ كېتىشىدىنمۇ ئەنسىرىمەي تۇرالمايتتى. ئۇنىڭ ئەندىشىسى ئاساسسىزمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا، ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارىسىدا بىر تۈرلۈك بروشۇر تارقىلىپ يۈرەتتى. بۇ كىتابچە مىللى سوتسىيالىزم ھەرىكەت پارتىيىسىنى خەلق ھەرىكىتىنى “ئېچىپ بەرگەن ئاۋانگارت” دەپ ئېتراپ قىلغاندەك قىلغىنى بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى ئېغىر تىللار بىلەن ھاقارەتلەپ، “ئۇلار ھېچ قاچان قۇتقازغۇچىلاردىن بولالمايدۇ” دەپ تەشۋىق قىلىنغان ئىدى.196 بۇلار، ھىتلېرنىڭ سىياسىي ھوقۇقىغا بىر تەھدىت ھېسابلىناتتى. ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۈتۈن بۇ جەريانلار بەكلا ئاچچىق تەسىرات پەيدا قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئىنتايىن قىممەتلىك تەجرىبە ساۋاقلارغىمۇ ئىگە قىلغان ئىدى. ھىتلېر، ئۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىش ھەققى بارلىقىغا تولۇق ئىشەنچ تۇرغۇزۇلمايدىغانلا بولىدىكەن، ھەرگىز بۇنداق مەيدانىنى ئىپادىلىمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
ھىتلېر يەنە بىر قېتىم ئۆز سېپىدىكىلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا دۈچ كەلمەكتە ئىدى. قوزغىلاڭدىن كېيىن پىچەتلىۋېتىلگەن «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتىنىڭ ئىشخانىسىدا، درېكسلېر بىلەن فەدېر ئىككىسى ھىتلېرغا قارشى ھەرىكەت باشلىۋەتكەن ئىدى. “ئۇ ئىككىسى، ھىتلېر دېگەن بىر مۇستەبىت ھەم بىر روھى كېسەل ئارتىست دەپ ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ، ئەگەر پارتىيىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشقا توغرا كەلسە ھىتلېرنى قاتتىق تېزگىنلىمەي بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى” دەيدۇ خانفىستايىنگىل ئەسلىمىسىدە. بىر كۈنىسى، درېكسلېر ميۇنخېندىكى كىچىك بىر باغچىدا خانس فرانك بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ تۈرمىگە قامالغان باشلىقى ھەققىدە توختىماي دەرد تۆكۈپ كەتكەن. “ئۇ ھىلىمىكىر ئىشلىتىپ ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقتا. ئۇ ھېچ بىر ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى. ئۇ دائىم مېنى چەتكە قېقىپلا كەلمەكتە. ئەندىچۇ، مانا ئەندى ئاخماقانە قوزغىلاڭنى ئورۇنلاشتۇرۇپ پارتىيىمىزنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتتى!” ئەگەر ھىتلېر تۈرمىدىن چىققىدەكلا بولسا كۈلرەڭ كۆڭلەكلىكلەر قايتىدىن كوچىلارنى ئىگەللەيدىغانلىقى ئېنىق. “گېرمانىيىنىڭ بۇندىن كېيىنكى كۈنلىرى ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇچلۇق بولىدۇ. ھىتلېر مېىنى سېتىۋەتتى. مانا بۇ، منىڭ ئۇنىڭغا قارشى ھەممە يەردە سۆزلەپ يۈرگىنىمنىڭ ئەسلى سەۋەبى.”
شۇ يىلى ماي ئېيىدا كۇرت لۈدېك چەتئەلدىن ئىئانە توپلاپ قايتىپ كېلىپ ناتسىستلار يەر ئاستى پارتىيىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ بەكلا قالايماقانلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ. “پۈتۈن گۇرۇھلار بىر-بىرسى بىلەن ۋە ئۆز ئىچىدە تىنماي جىدەل قىلىشىپلا يۈرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بۇ تۈر دۈشمەنلىشىشلەر ئۆز ئىچىدىلا رەسۋاچىلىقلارنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولۇپ بەرمەي، بۇنداق ئىچكى جىدەللىرىنى كوچىلاردىمۇ سۆرىشىپ يۈرۈپ ئەتراپتىكى تاماشا كۆرگۈچىلەر ئالدىدا نۇمۇسمۇ قىلىشمايتتى. ئۆزىلىرىگە زىيان كەلتۈرىشى بىلەنمۇ كارى يوق” دەيدۇ. ئۇ، خانفىستايىنگىل، ئامان ۋە ئېسسېرلاردىن پارتىيىنى بۇ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان ئاساسلىق سەۋەپكارنىڭ روزېنبېرگ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ. ئەمما روزېنبېرگ پۈتۈنلەي باشقىچە گەپلەرنى قىلىدۇ: “ئۇلار ماڭا ھىتلېرغا ۋاكالىتەن ئىش قىلىپ يۈرگەنلىكىمنى كۆرەلمەي ھۇجۇم قىلىپ يۈرمەكتە. ھىتلېرمۇ ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا قاراپ بىر نېمە دېمىسىمۇ، ئۇلار ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالماي يۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلار مېنى تازىلىۋىتەلىگىدەكلا بولىدىكەن، پارتىيە ئىچىدە ئۇلار ئەڭ يوقىرى ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈشكە شۇنچە يېقىنلىشىۋالغان بولىدۇ.”
لۈدېك، لاندسبېرگ تۈرمىسىگە بېرىپ ھىتلېر بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ قانداق قىلغاندا بۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدىن ساقلىنىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە يوليورۇق سورىماقچى بولىدۇ. لۇدېكنىڭ دېيىشىگە ئاساسلانغاندا، ھىتلېر مۇنداق دېگەن: پارتىيىمىز چوقۇم يېڭى بىر ھەرىكەت يولى تەييارلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشى كېرەك؛ پارتىيىمىزنىڭ كىلەچىكىنى قۇراللىق قوزغىلاڭ ئەمەس بەلكى سايلام ساندۇقىدىن چىقىدىغان ئاۋاز بەلگىلەيدۇ. “مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى تۈپتىن ئۆزگەرگەن بولغاچقا، بۇ يول بىزنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ھەرىكەت يولىمىز ھېسابلىنىدۇ.” ھىتلېر پارتىيە ئىچىدىكى تالاش-تارتىشلاردىن ھەرگىز ئۈمىدسىزلىك ھېس قىلمايتتى. “ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىگە قارىتا تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ھېسسىياتى ھەقىقەتەنمۇ يۇقۇملۇق خاراكتېرغا ئىگە ئىدى. شۇڭا، بۇ جەھەتتە مەندە بار گۇمانلارنى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلىدى.” شۇنداقتىمۇ پارتىيىنىڭ ئىچىدىكى ئايرىمىچىلىق كۈنسايىن كېڭىيىپ بارماقتا ئىدى. بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندە ستراسسېر بىلەن لۇدېندورف ئىككىسى “مىللى سوتسىيالىزم ئەركىنلىك پارتىيىسى” نى ئاساس قىلغان ھالدا بىرلىككە كەلگەن خەلق پارتىيىسى قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى، مىللى سوتسىيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى بۇ پارتىيىنىڭ تەركىۋى قىسمىغا ئايلىنىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىشىدۇ. بۇ تەكلىپ پارتىيە ئىچىدىكى كۈرەشنى تېخىمۇ ئۆتكۈلەشتۈرىۋېتىدۇ. شۇنىڭدەك ھىتلېرنى بۇ جەھەتتە كەسكىن تەدبىر قوللىنىشقىمۇ مەجبۇرلايدۇ. 7-ئىيۇل كۈنى، «خەلق ئەلچىسى» گېزىتىدا “مەن قاماقتا يېتىش جەريانىدا ھېچ قانداق بىر سىياسىي تەشكىلاتقا قاتناشماسلىق ئۈچۈن بۇندىن كېيىن مىللى سوتسىيالىزم ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشىدىن ئايرىلىمەن. تۈرمىدە ئەسەر يازىمەن دەپ بەكلا ئالدىراش بولغانلىقىم ئۈچۈن، تەرەپتارلىرىمنىڭمۇ يوقلايمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەسلىكىنى ئۆتۈنىمەن” دەپ بايانات ئېلان قىلىدۇ.197
ھەر قايسى گۇرۇھ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر، ھىتلېر كىتاب يازىمەن دېگەننى باھانە قىلىپ پارتىيە ئىچىدىكىلەرنىڭ بىر-بىرسىنى تازىلاشقا كىرىشىدىغان سىياسىي كۈرەشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلىشاتتى. ئەمما ھىتلېر «يەھۇدىيلار تەزكىرىسى» دېگەن كىتاب يېزىش ئۈستىدە تۈرمىگە كىرىشتىن خېلى بۇرۇنلا ئويلىنىپ يۈرەتتى. ئەمما بۇ كۈنلەردە ھىتلېر بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر نەرسە يېزىش خىيالىغا كېلىدۇ. بۇ خىيال ئۇنى ئىزچىل ئويلاندۇرۇپ، بۇ ئىش ئۇنى سىياسىي پائالىيەتلىرىنى بىر مەزگىل توختىتىپ ئويلىغانلىرىنى كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈش خىيالىغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇ، كۈندىلىك خاتىرە دەپتىرىگە ئويلىغانلىرىنى ئۇدۇللۇق يېزىپ يۈرۈش بىلەن بىرگە، ماۋرىسقا پىكىرلىرىنى سۆزلەپ يازغۇزۇش ئىشىغىمۇ كىرىشىدۇ. ئاندىن، تۈرمىدىكى تىنچ مۇھىت ئىچىدە تۈرمە باشلىقىدىن ئارىيەتكە ئالغان خەت ماشىنكىسىدا ئارگىناللىرىنى ئىككى بارماق بىلەن توكۇلدىتىپ بېسىپ يۈرۈپ كۆچۈرۈشكە كىرىشكەن ئىدى.
گۇندىپاي ھېمرىخ ئەسلىمىسىدە “ئۇ بۆلۈملەرنى بىر-بىرلەپ يېزىپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن كەچلىك يىغىلىشتا كۆپچىلىككە ئوقۇپ بېرەتتى” دەيدۇ. بۇ كىتاب كىشىلەر سۆزلەپ يۈرگەندەك ئۇنچىۋالا ياخشى مۇھىت ئىچىدە يېزىلغانمۇ ئەمەس. ئالايلۇق، قاتتىق يامغۇر ياغقاندا دېرىزىگە يامغۇر ئۇرۇپ كامىرغا سۇ كىرىپ كېتەتتى. بىر كۈنى ئۇ يامغۇر سۇيىدە ھۆل بولۇپ كەتكەن يەرلەرنى سۈرتىۋېتىپ ئۆزىچە قاتتىق كۈلۈپ كېتىدۇ. ئەسلىدە، “ئەسكى-تۈسكىلەر قويۇلغان كۆلچەك ئىچىدە” گۇندىپايلاردىن بىرسى بېقىۋاتقان مۈشۈكنىڭمۇ پاكار ئورۇندۇق ئۈستىدە ئولتۇرىۋېلىپ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئورۇندۇقنى ھەدەپ يالاپ قۇرىتىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە شۇنچە مەززە قىلىپ يالاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتكەن ئىدى. ئۈستىنكى قەۋەتتە تۇرىدىغان رۇدولف ھېس دېگەن يېڭى كەلگەن بىرسى ھىتلېرنىڭ ئەڭ ياراملىق ياردەمچىسىگە ئايلىنىدۇ. ھىتلېر قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ھېس، پروفېسسور خاۋشوفېرنىڭ دېگىنىگە كۆنۈپ ساقچىغا كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ھىتلېر بىلەن بىر تۈرمىگە قامالغان ھېس، ھەر دائىم ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ مەسلىھەتلەر بىرىپ، قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىشىپ بېرەتتى ۋە ھىتلېرنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى خاتىرىلەپ بېرەتتى ھەمدە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ يازغانلىرىنى ماشىنكىدا ئۇرۇپ چىقىرىپمۇ بېرەتتى. ۋاگنېر خانىممۇ ھىتلېرغا ماشىنكا قەغىزى، شاپىگىراپ قەغىزى، قېرىنداش، سىيا ۋە دۈگەت قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يېزىقچىلىق ماتېرىياللىرىنى سىرتتىن كىرگۈزۈپ ياردەم قىلىپ تۇراتتى.
دەسلىۋىدە، بۇ كىتابنى ئادەتتىكى تارىخ كىتاب سۈپىتىدە يېزىش پىلانلانغان بولسىمۇ، بىرىنچى قىسمدا (دەسلىۋىدە «تۆت يېرىم يىللىق ھىلىمىكىرلەر، ئاخماقانىلىقلار ۋە ئاجىزلىقلار بىلەن كۈرەشلىرىم» دېگەن ئۇزۇن بىر ئىسىم قويۇلغان ئىدى) ھىتلېرنىڭ بالىلىق دەۋرى، ۋيېننادا بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار، قىزىللار ئىنقىلابى، ھەمدە پارتىيىنىڭ ميۇنخېندىكى دەسلەپكى دەۋرلەردىكى پائالىيەتلىرى بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا بۇ كىتاب، جاپاكەش ياشنىڭ سىياسىي تەربىيە كۆرۈش ھىكايىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؛ شۇنىڭدەك يەنە بۇ كىتاب ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىنىمۇ يارىتىپ بەرگەن ئىدى. يەنى ھىتلېر دائىم سۆزلەپ پىشىپ كەتكەن ئۈچ خىل تېما _ يەھۇدىيلار ھەققىدە، ماركسىزم ھەققىدە ۋە ئىرقچىلىق ھەققىدە ئومۇمىي يۈزلۈك بايان قىلىش بىلەنلا قالماي، يەنە پارلامېنت ھاكىمىيەت تۈزۈمىنىڭ كارغا كەلمەسلىكى، سىبلىسنىڭ زىيانلىرى، سەنئەتنىڭ چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقى، لوردلار ھاكىمىيەت  تۈزۈمى ۋە شۇنىڭدەك ئۇرۇش مەغلوبىيىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ بايان قىلىپ چىقىدۇ.
سىياسىي نەزەرىيە مەسىلىلىرىنى رەتلەپ يېزىپ چىقىشنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆگۈنۈش جەريانى ھېسابلىناتتى. “مەن تۈرمىدە يېتىش جەريانىدا ئۆزەمنىڭ پەلسەپەلىك قاراشلىرىم ئۈچۈن تەبىئىي، تارىخىي ئاساس تىكلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. ئەسلىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مېنى تۈرمىگە قاماپ بەكلا چوڭ بىر خاتا قىلغان ئىدى: ئەگەر ئۇلار مېنى تىنماي كوچىلاردا نۇتۇق سۆزلەش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، بىلىم ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرغان ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ياشىشىمغا يول قويغان بولسا ئىدى، ئەڭ ئاقىلانە جازا بەرگەنلىك ھېسابلىناتتى!”
ھىتلېر تۈرمە خىزمەتچىلىرىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈستىدە يۈرگۈزگەن تەشۋىقاتىمۇ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان ئىدى. ئۇ، تۈرمىدىكى كۆپ ساندىكى خىزمەتچى خادىملارنى مىللى سوتسىيالىزمچىلار تەرىپىگە تارتىپ كەلگەن بولۇپ، ھەتتا تۈرمە باشلىقىمۇ ھىتلېرنىڭ كامىرىدىكى چىراقنىڭ تۈن يېرىمىغىچە ئۆچۈرۈلمەسلىكىگە رۇخسەت بېرىدۇ. كۈزىتىش ئىشلىرىمۇ تۇلا بەك چىڭ تۇتۇلماس ھالغا كەلگەن بولۇپ، مەھبۇسلار ھەتتا ماشىنكىدا بېسىلغان مەخپى گېزىتمۇ چىقىرىۋېلىشقان. بۇ گېزىت ھەم قىزىقارلىق، ھەم رەسمى تۈستە بىر گېزىت بولغان ئىدى. گېزىتنىڭ باشماقالىسى ئادەتتە ھىتلېر تەرىپىدىن يېزىلاتتى. ھىتلېرمۇ بۇ گېزىت ئۈچۈن پات-پاتلا كارىكاتۇرا رەسىملىرىنى سىزىپ تۇراتتى. ئەسلىدە بۇ مەخپى گېزىت پاش بولماسلىقى كېرەك ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە بەزىلەر ئۆيىدىكىلەرگە يازغان خېتىدە بۇ گېزىت توغرىلىق ئېغىز ئاچقانلىقى سەۋەبىدىن بۇنداق بىر گېزىتنىڭ چىقىرىلىۋاتقانلىقى پاش بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ھېمرىخ تەھرىرات بۆلۈمى بولغان بىرىنچى نومۇرلۇق كامىرغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ھېچ نېمە تاپالماي قۇرۇق قول قايتىپ چىقىدۇ.
ھېمرىخنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرسى بىرەرسىنىڭ ئىنقىلاب پىلانلاپ يۈرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كەچلىك يىغىلىشلارنى رازۋىتكا قىلىش ئىدى. ئەمما ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاشقا قويۇلغان كىشىلىرى ھىتلېرنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇزۇنغا قالمايلا ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا قىزىقىدىغان بىرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ياردەمچىلىرى بىلەن بىرگە ئىشىك تۈۋىگە يىغىلىۋېلىپ ھىتلېرنىڭ نۇتقىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلايدىغانلارغا ئايلىنىدۇ. “بىز ئۇنىڭ سۆزلىرىنى پۈتۈن زىھنىمىز بىلەن دىققەت قىلىپ ئاڭلايتتۇق. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بىزنىڭ جانىجان مەنپەتلىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە دېگەنلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلاتتۇق. ئۇنىڭ سۆزلىرى بىزگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.”
ھىتلېر ھەر دائىم “خايىل — ياشىسۇن!” دەپ يىغىننى تۈگىتەتتى. بۇ چاغدا كىشىلەر ئىختىيارسىزلا قوزغىلاڭ كۈنىسى گرېگور ستىراسېر گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۆزگەرتىپ ئېيتقان مارشنى ئېيتىپ كېتەتتى:
مەيلى ئۇلار بىزنى سېتىۋەتسۇن ياكى بىزگە ھايۋان مۇئامىلىسى قىلسۇن،
بىز نېمە قىلىشىمىزنى ياخشى بىلىمىز، ۋەتەنگە سادىقمىز، ھەرگىز چەتتە قالمايمىز.
قەلبىمىزدە ھىتلېر روھى، مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ،
ھىتلېر ھۇجۇمچىلار ئەترىتى، چوقۇم قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ!
ھىتلېر پۈتۈن دىققىتىنى كىتاب يېزىش ئىشىغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئادەملىرىنى ئەركىن كۈلكە-چاخچاقلىشىپ يۈرىدىغان ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بەرگەن ئىدى. بىر كۈنى ئاخشىمى، ئون نەچچە كىشى ئۇنىڭغا كونىدىن قالغان بىر دېھقانلار تراگىدىيە ئويۇنى بولغان قازىكالان ئويۇنىنى ئويناپ كۆرسەتمەكچى بولىشىدۇ. ئۇلار قازاننىڭ قارىسى بىلەن يۈز-كۆزلىرىنى قارىغا بويىشىپ، كىرلىكلەرگە ئورىنىپ قولىدا لاخشىگىر ۋە سۈپۈرگىلەر، 7-نومۇرلۇق كامىرغا بېسىپ كىرىدۇ. ئۇلار قوللىرىدىكى قۇراللىرىنى شىلتىغىنىچە ھىتلېرنى سوتلانغۇچى بولۇپ بېرىشىگە زورلىشىدۇ. ئاندىن ئۇلار باۋارىيە قىزىقچىلىق ئويۇنى پاسونىدا ميۇنخېندىكى سوت مەھكىمىسىنى قايتا ئويناپ كۆرسىتىشىدۇ. ھېمرىخنىڭ خاتىرىسىدىن قارىغاندا، ھىتلېر بۇ ئويۇنغا قاتنىشىپ سوتلىنىشقا ماقۇل بولغانىكەن. يەنى گېرمانىيە بويىچە يۈز بېرىدىغان ئومۇمى يۈزلۈك ئەركىن نامايىش ئويۇنىغا قاتنىشىشقا ماقۇل بولىدۇ. ئاندىن كۈلۈپ باش چايقىغىنىچە سورۇندىن چىقىپ كامىرىغا كىرىپ ئۆز ئىشىغا كىرىشىپ كېتىدۇ.

دېگەندەك ئىخلاسمەن بولمىغان زىيارەتچىلىرىدىن بىرى دەپ قارالغان خانفىستايىنگىل، ھىتلېرنىڭ سەمىرىپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ، ھىتلېرغا تۈرمىدىكى جىسمانى ھەرىكەتلەرگە كۆپىرەك قاتنىشىپ، تاتلىق-تۇرۇملارنى يېيىشتىن ئۆزەڭنى قاچۇر دەپ مەسلىھەت قىلغان بولسىمۇ، ھىتلېر ئۇنىڭ بەرگەن ھەرقانداق نەسىھەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان بىر باھانىسى بار ئىدى: “رەھبەر بولغان كىشى ئۇنداق تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇرۇقلىيالمايدۇ. نۇتۇق سۆزلەش، ئەڭ ياخشى ئۇرۇغلاش ئۇسۇلى مېنىڭ ئۈچۈن.” خانفىستايىنگىل ئۇنىڭغا بىر قانچە پارچە كىتاب ئالغاچ كەلگەن بولسىمۇ، ھىتلېر بۇ كىتابلار ئارىسىدا يېڭى چىققان كارىكاتۇرا ژۇرنىلى «ھاماقەت» كە بەكلا قىزىقىپ قالىدۇ. بۇ ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا بىر پارچە ھەجىۋى رەسىم بېسىلغان بولۇپ، رەسىمدە ئۇچىسىغا پولات دۇبۇلغىلارنى كەيگەن ھىتلېر ئاق ئاتقا مىنىپ بېرلىنغا كىرىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن ئىدى. بۇ ھەجىۋى رەسىمدە ھىتلېر سىر گالاخادقىلا ئوخشىتىلغان (رېۋايات قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە پادىشاھى يانو دەۋرىنىڭ  يۇمىلاق جوزا چەۋەندازلىرىدىكى ساپ نىيەتلىكنىڭ سىموۋۇلى ھېساپلىناتتىكەن — ھاشىيە ئىزاھاتى): “بۇ شاڭخولارغا قارا، ئۇلار خالىغىنىچە مازاق قىلىشسۇن، ئەمما مەن چوقۇم بېرلىنغا يۈرۈش قىلىمەن!” دەيدۇ ھىتلېر.
شۇ چاغلاردا ھىتلېر بىر مۇنچە ئايال زىيارەتچىلەرنىمۇ قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 83 ياشلىق كارولا خوفمان ئىسىملىك بىر مومايمۇ بار ئىدى (بۇ ئايال، فامىلىسى ئوخشاپ قالغان فوتوگراپچى خوفمان بىلەن قىلچە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى يوق). ھىتلېر بۇ موماينى “قەدىرلىكىم، ساداقەتلىك چوڭ ئانام” دەپ ئاتايتتى.199 بۇ ئايال پاكا بويلۇق، ئەمما يارىشىملىق بىرسى ئىدى. بىر قانچە يىل بۇرۇن پىنسىيىگە چىققان ئوتتۇرا مەكتەپ مۇئالىمەسى بولغان خوفمان خانىم، ھىتلېرنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىنى خالىس يۇپ-دەزماللاپ ئۇنىڭ رەتلىك كىيىنىپ يۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ كەلگەن بىر ئايال ئىدى. ھەر دائىم ھىتلېرنى تورت-پىچىنە، سېرىقماي-قايماقلار بىلەن بېقىپ تۇراتتى. ئەگەر ئۇنىڭ كەمپۇت يىگىنىنى كۆرۈپ قالسلا خۇددى ئاق كۆڭۈل بىر ئانىغا ئوخشاش ھىتلېرنى يۇقۇرى تەبىقە جەمئىيىتىدە يۈرۈش تۇرۇش، تاتلىقلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، قانداق تەمكىن بولۇش كېرەكلىكىنى ئۆگۈتۈپ تىنماي ۋىتىلداپ كېتەتتى. بىر قېتىمىدا، كارىن گيۆرىڭ خانىم قەرز سوراپ ھىتلېرنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە ئۇنىڭغا فۈھرېر رەسىمى بىلەن بىرگە “ھۇجۇمچىلار ئەترىتىمىز قۇماندانىمىزنىڭ ھۆرمەتلىك خانىمىغا” دېگەن بېغىشلىما يېزىلغان ئاتكىرتكا تۇتقۇزۇپ يولغا سالىدۇ.
ھېسنىڭ پۈتۈشكەن قىزى ئىلسې پرۆل بۇ يەرنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىدى. ئىلسې، ھەر يەكشەنبە كۈنى ميۇنخېندىن ۋېلىسىپىتلىق لاندىسبېرگكە كېلەتتى. ئىلسې، بىر قېتىمىدا تۈرمىگە ئوغۇرلۇقچە بىر رەسىم ئاپاراتى ئېلىپ كىرىدۇ. ئادەتتە ھىتلېر بىلەن ھېس ئىككىسى پەلەمپەي ئالدىدا ئۇنى كۈتىۋالاتتى. ئىلسې يېتىپ كېلىشى ھامان ھىتلېر ئالدىغا چىقىپ ۋيېننا پاسونىدا ئىنتايىن نازاكەتلىك بىلەن ئىگىلىپ قولىنى يەڭگىل سۈيۈپ قوياتتى. ئاندىن ئۇنى قولىدىن يېتىلىگىنىچە ئوپچە پائالىيەت ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلاتتى. بىر قېتىم، پويىزلىق ئاپىسىنىمۇ بىرگە تۈرمىگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئاپىسى ھېسنى ئۇنچە بەك ياخشى كۆرۈپ كەتمەيتتى. بولۇپمۇ ھېس تۈرمىگە كىرىپ قالغاندىن كېيىن ئۇنى تېخىمۇ يامان كۆرەتتى. ئەمما ھىتلېرنىڭ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ نازۇك بىر شەكىلدە سۈيۈپ قويىشى موماينىڭ پۈتۈن كۆزقاراشلىرىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشكە يەتكەن ئىدى. “ئاپام، سىياسەت ئىشلىرىغا پەقەتلا قىزىقمايدىغان بىر ئايال ئىدى. ئەمما شۇ قېتىمقى قولىنى سۆيۈپ قويۇش ۋەقەسى سەۋەبىدىن ميۇنخېنغا كېلىپلا پارتىيىگە ئەزا بولىۋالدى” دەيدۇ ئىلسې.
پروفېسسور خاۋشوفېرمۇ ھېسنى يوخلاپ قوياتتى. ئۇ، ھېسقا خالفورد ماكىندېر ئەسەرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە پارچە سىياسىي جوغراپىيىگە دائىر كىتاب ۋە ماقالىلارنى ئەكىلىپ بېرىدۇ. ئۇ بەزىدە كېلىپ ھىتلېرنىمۇ يوخلاپ چىقاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ يېنىغا ھەرگىز يالغۇز كىرمەيتتى. “مەن ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەندە مەخسۇس بىرسى بىلەن بىرلىكتە كىرەتتىم. — دەيدۇ كېيىنكى بىر ئەسلىمىسىدە، — مېنىڭدە ئۇنىڭ توغرىلىق ھەردائىم بىر غەلىتە تۇيغۇ بار ئىدى. يەنى ھىتلېردا ئاز مەلۇماتلىق بىرسىنىڭ يوقىرى ئىلمى مەلۇماتلىقلارغا نىسبەتەن ئىشەنمەسلىك بىلەن قارايدىغان بىر مىجەز بارلىقىنى ھېس قىلاتتىم.” بەلكىم پروفېسسور خاۋشوفېر بۇرۇن ھېسقا، سەن سىياسىي ئىشلارغا ئارلاشمىغىنىڭ تۈزۈك، ئەسلىدە سەن ئۆز ئىلمى ساھەڭ ئىچىدە تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلىگىنىڭ توغرا بولاتتى دەپ ئېيتقىنىدىن شۇنداق گۇماندا بولۇپ يۈرگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. بەلكىم ئۇنىڭ قوزغىلاڭ ھەققىدە ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ ھەرىكىتىڭلار ترادىگىيە خاراكتېرىدىكى بىر خاتالىق ئىدى دەپ باھالىغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ شۇنداق ئويغا كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ پروفېسسور، ھىتلېرنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي تەرجىمىھالىنى يېزىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ھەمدە ھاياتلىق ماكانى مەسىلىسى بىلەن جوغراپىيىلىك سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ تالاش-تارتىش قىلغانلىقىنىمۇ ئۇنۇتمىغان ئىدى. “ئەمما مەن شۇنداق ھېس قىلىمەن، توغرىسى قەتئىي شۇنداق دەپ ئىشىنىمەنكى، ھىتلېر بۇ تۈردىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئازىراقمۇ توغرا قاراشقا ئىگە ئەمەس ئىدى.” پروفېسسور، ئۇ ئىككىسىنىڭلا سىياسىي جوغراپىيىدىن پەقاتلا بىلىمى يوق ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدىن كېيىن، ئۇلارغا راتزېل ئەسەرلىرى ئىككىنچى نەشرىنىڭ ئاساسلىرىدىن ساۋات بەرگەن بولسىمۇ قىلچە پايدىسى بولمايدۇ. ھىتلېر، سىياسىي جوغراپىيە نەزەرىيىلىرىنىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان قىسمىغىلا قىزىقاتتى.
گەرچە ھېس بۇ پروفېسسورغا قاتتىق ھۆرمەت قىلىدىغان بولسىمۇ، ھىتلېرغا سادىق بىر كاتىپ بولۇش ھەمدە ھاياتىنى پۈتۈنلەي مىللى سوتسىيالىزم ھەرىكىتىگە بېغىشلاش ئىرادىسىگە كېلىپ بولغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، بۈگۈنكى كۈندە فۈھرېرنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھىتلېرنىڭ پارتىيىگە زىيان كەلتۈرىدىغان مۇنازىرىلەرگە بەكلا ئۆچ ئىكەنلىكىنى، ھەمدە تۈرمىدىكى ۋاقتىنى كىتاب يېزىش بىلەن ئالدىراش ئۆتكۈزگەنلىكىگە شاھىت بولغان ئىدى. 16-ئىيۇل كۈنى، ھېس بىر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى دوستىغا يازغان خېتىدا، ھىتلېر ئەپەندى كۈندىلىك سىياسەت ھەققىدە توختىلىشنى خالىمايدۇ، دەپ يازغان. “ئۇ ھازىر ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلىش ئىشىدىن ۋاقتىنچە ئاشكارە تۈردە ئايرىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ نېمە ئىشلار بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەي تۇرىۋاتقان تاشقىرىدا بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى بەلكىم سىرتتىكىلەرنىڭ پىلانلىرىغا قوشۇلماسلىقىدىنمۇ شۇنداق قىلغان بولىشى مۇمكىن. دېمىسىمۇ بۇنداق بىر ئەھۋالدا تۇرۇپ سىرتتا يۈز بېرىۋاتقان پۈتمەس-تۈگىمەس تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئىدى. ئۇ، بۇنچە ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا ئارلىشىشنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ئەركىنلىككە چىققان كۈنىسى، پۈتۈن ئىشلارنى قايتىدىن ئۆز يولىغا سالالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچى كامىل ئىدى.”200
گېرمانىيىنىڭ شىمالىدىكى سولچىل ناتسىستلار، ئاممىۋى گۇرۇھلار بىلەن بىرلىشىش دېگەنگە قەتئىي قارشى ئىدى. ئۇلار ئىرقچىلارنى “ئىشچىلار سىنىپىنىڭ دۈشمىنى” دەپ ئەيىپلىشەتتى. مەلۇم بىر ئوقۇغۇچىلار داھىيسى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىپ، ئەگەر ئۇلار بىلەن بىرلىشىدىغانلا بولىدىكەنمىز، “ھەقىقى ناتسىست پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ئىشچىلار” ناتسىستلار پارتىيىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. شىمالدىكى سولچىلار گەرچە ھېسنىڭ بۇنداق بىرلىشىش مۇمكىن ئەمەس دەيدىغان قارىشىغا قوشۇلغاندەك قىلغىنى بىلەن، بەرىبىر ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى خالىمايتتى. ۋىمار يىغىنى ئېچىلىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندە، بىرسى خەت يازىدۇ.
روشەنكى، بۇ خەت فۈھرېرنى ئوقىسۇن دەپ يېزىلغان خەت ئىدى. بۇ خەتتە، ھىتلېر تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن شىمالى گېرمانىيىگە كېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ، ھېرمان ئېسېردەك ئادەملەرنى شىماللىقلار ھەرگىز خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنداق بىرسى بىلەن بىرگە كەلمەسلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەشكەن: “بىز 1923-يىلى ميۇنخېندا كۆرۈلگەندەك ھىتلېرنىڭ ئەتىراپىغا سەددىچىنىدەك بىر سېپىل سوقۇپ ئايرىۋېتىلىشىنى ھەرگىز خالىمايمىز. بۇ يەردە ياشايدىغانلار شىماللىقلارنىڭ قېنىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار سىياسەتتىكى قۇلچىلىققا قارشى تۇرىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ھەرگىزمۇ نېمىلا دېسە باش ئىگىپ تۇرىدىغان يۇۋاش-يۇمشاقلاردىن  ئەمەس. بىز ناتىقلاردىن ئەمەسمىز. شۇنىڭدەك ئۆز غىمىمىزنىلا ئويلايدىغان شەخسىيەتچىلەردىنمۇ ئەمەسمىز. … بىز پەقەت فۈھرېرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇشنىلا تەلەپ قىلىمىز، … بىز غايىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى پىدا قىلىشتىن باشقىنى ئويلىمايمىز.”
بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاساسلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆزقاراش پەرقى كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ھىتلېر سىياسىي ئىشلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇش ئىرادىسىگە كلگەن ئىدى. 29-ئىيۇل كۈنى، ئۇ «خەلق ئەلچىسى» گېزىتىغا چىرايلىقچە قىلىپ كەلگەن ئىكەنمەن! مەن بۇ مەسىلىنى كىتاب يېزىش جەريانىدىلا ئاندىن ھېس قىلىپ يېتەلىدىم. ئەگەر بىز غەلىبە قىلماقچى بولىدىكەنمىز، ئەڭ رەھىمسىز بولىشىمىز، يەھۇدىيلارغا قارشى ئەڭ قاتتىققول يول تۇتىشىمىز كېرەك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. مەن شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىمەنكى، بۇ ئىش نېمىس خەلقى ئۈچۈنلا مۇھىم ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولۇپ قالماي، بارلىق مىللەتلەرنىڭ ھايات-ماماتىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە. يەھۇدىيلار پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە زىيان سېلىپ كېلىۋاتقان بىر ھاشارەت ئاپىتىدۇر.”رەت قىلىش باياناتى بېرىپ، “مېنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىم ئاۋارە قىلىنماسلىقىمنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش بولغاچقا”، بۇندىن كېيىن خەت ئارقىلىق تونۇش-بىلىشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشتىن باشقا مېھمان كۈتەلمەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرمەكچىمەن دەيدۇ. گەرچە ئۇ سىياسىي ئىشلار بىلەن مېھمان كۈتۈشتىن زىرىككەنلىكىنى ئېيتسىمۇ شۇ كۈنى بىر نېمىسنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ كىشى بوخېمىيە قېنىدىن بولغان پارتىيە ئەزاسى ن. س. كۇگلېر دېگەن بىرسى ئىدى. بۇ كىشى ھىتلېرغا مۇنداق مۇھىم بىر ئىشنى ئېيتىدۇ: “سىزنىڭ يەھۇدىيلار ھەققىدىكى مەيدانىڭىزدا بىرەر ئۆزگىرىش بولدىمۇ-قانداق؟” بۇ مەسىلە ھەقىقەتەنمۇ جان ئالغۇچى بىر مەسىلە ئىدى. “شۇنداق، ئاز-تۇلا ئۆزگىرىش بولدى. — دەيدۇ ھىتلېر ئۇنىڭغا، — يەھۇدىيلارغا قارشى ئۇسلۇپ جەھەتتە ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىش قىلدىم. مەن بۈگۈن شۇنى ھېس قىلماقتىمەنكى، بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا مەن يەھۇدىيلارغا بەكلا يۇمشاق مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن ئىكەنمەن. بۇنى مەن كىتاب يېزىش جەريانىدا ھېس قىلىپ يەتتىم. ئەگەر بىز غەلىبە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، قەتئىي تۈردە يەھۇدىيلارغا قارشى ھەرىكەتنى ئەڭ شىددەتلىك تۈردە  قانات يايدۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بۇ مەسىلە ھەرگىزمۇ ۋەتىنىمىز خەلقىگىلا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپلا قالماي، پۈتكۈل دۇنيا مىللەتلەرنىڭ ھايات-ماماتىغا بېرىپ تاقىلىدىغان چوڭ مەسىلە. يەھۇدىيلار — پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنى ۋەيران قىلىدىغان زىيانلىق ھاشارەت.”

4
ھىتلېر، پۈتۈن ياز بويى “كۆڭۈللۈك كامېرى” دا راھەت ياشاپ يېڭى بىر كۈرەش ئۈچۈن جىددى تەييارلىق قىلماقتا ئىدى. ئۇ، ۋاقتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى كىتاب يېزىش ئىشىغا ئاتىغان بولۇپ، تۈرمىدىن بالدۇرىراق چىقىرىۋېتىلىش ئۈمىدى ئىچىدە ياشايدۇ. 18-سىنتەبىردە، تۈرمە باشلىقى لېيبولد باۋارىيە ئەدىلىيە مىنىستىرلىكىگە ھىتلېر ئۈچۈن بەكلا پايدىلىق بىر دوكلات سۇنىدۇ. شۇنداق قىلىپ تۈرمىدىن قويىۋېتىلىش ئىشى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. بۇ دوكلاتتا، ھىتلېر بىر قانچە ئايلىق جازا مۇددىتى جەريانىدا “تەرتىپ ئىنتىزامغا قاتتىق بوي سۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى”، “ئىزچىل ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقى، كىچىك پېيىل، ئېھتىياتچان ئىكەنلىكى، كىشىلەرگە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلىدە بولىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ بۇ ئورۇننىڭ خادىملىرىغا ئالاھىدە سىلىق مۇئامىلىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى” تەكىتلەنگەن ئىدى. دوكلاتنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا لېيبولد پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: ھىتلېر قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بۇرۇنقىدەك ئۇنداق زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر ياكى قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن قايتا شوغۇللانمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. “شۆبىھسىزكى، قاماقتا يېتىش جەريانىدا بۇرۇنقىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا،201 ئالاھىدە ئېغىر بېسىق، ئۆزىنى توختاتقان، ئويلىنىپ ئىش قىلىدىغان ھالغا ئۆزگەرگەن. ئۇ ئەندى ھازىرقى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللىنىشنى ھەرگىز ئويلىمايدىغان بولدى.”
دەسلىۋىدە لېيبولدنىڭ بۇ تۈردىكى چىڭ تۇرۇپ تەلەپ قىلىشى، ھىتلېرنىڭ باھارغا قالماي قويىۋېتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىشارەت قىلماقتا ئىدى. ئەمما باۋارىيە شىتاتلىق ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر 22-سىنتەبىر كۈنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە مەخپى دوكلاد يوللاپ، 1-ئۆكتەبىردە ھىتلېرنىڭ قەتئىي قويۇپ بېرىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەگەر ھىتلېر “پەۋقۇلئاددە ئەھۋال” بويىچە قويۇپ بېرىلىشكە توغرا كەلسە، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى يالاپ چېگرىدىن چىقىرىۋېتىش لازىملىقى تەكىتلەنگەن. چۇنكى ئۇ قابىلىيەتلىك بىرسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ھامان زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر ئۇنىڭ سەۋەبىدىن قايتىدىن باشلىنىپ كېتىشى مۇمكىن دېيىلگەن. جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى بىرىنچى باشقارمىسىدىكىلەر بۇ تەكلىپكە ئىتىۋار قىلىشماي، ھىتلېرنى قەسەم قىلدۇرۇپ تۈرمىدىن چىقىرىشقا بولىدۇ دەپ ئۇختۇرىدۇ. ئەمما ئەدىلىيە مىنىستىرى بۇ جىنايەتچى يېقىنلىرى بىلەن كۆرۈشۈش قائىدىلىرىگە خالىغانچە خىلاپلىق قىلغان دېگەننى باھانە قىلىپ ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدۇ. بۇ ئەرز ئېتىۋارغا ئېلىنىپ، قەسەم قىلىپ قويۇپ بېرىلىش تەلىۋىمۇ بىرگە رەت قىلىنىدۇ.
ھىتلېر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە پېتىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا بۇرۇنقىدەك بۇ تۈر پاسسىپ مىجەزىدىن تېزلا قۇتۇلۇپ قايتىدىن كىتاب يېزىش ئىشى ئىچىگە چۆكۈپ كېتىدۇ. “ئەتىگەندىن ئاخشىمىغىچە، تا يېرىم كېچىگىچە ئۇنىڭ كامىرىدىن ماشىنكىنىڭ ئاۋازى، ھېسقا ئېيتىپ ماشىنكىدا ئۇرغۇزىۋاتقان ئاۋازى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇراتتى” دەيدۇ ھېمرىخ ئەسلىمىسىدە. ئۇمۇ فۈھرېر ئۈستىدىكى مەسئۇللىقىغىمۇ سەل قارىمايدۇ. ميۇنخېن قوزغىلىڭىنىڭ يىللىق خاتىرە كۈنىسى ھىتلېر “چوڭقۇر ھېسسىيات” بىلەن ئاممىۋى ئۆيدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەرگە نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئۇ، بىر تەرەپتىن “بارلىق مەسئولىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى” نى ئېيتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش سەۋەبلىرىنىمۇ چۈشەندۈرەتتى. “فۈھرېرنىڭ سەمىمى ساداقەتلىكى بىلەن ئالى پەزىلىتى ئولتۇرغانلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرىۋېتىدۇ.”
نويابىر ئېيى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ يېقىندا قەسەم قىلىپ تۈرمىدىن چىقىرىلىشى ھەققىدە بىرەر شەپە كۆرۈنمەيتتى. ئەمما ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۈمىدسىزلەنمەي غەيرەت بىلەن ئۆز ئىشى بىلەن شوغۇللىنىپ كېتىۋېرىدۇ.
دەل شۇ پەيتلەردە، ھىتلېرنىڭ ئەڭ داڭلىق مورتلىرىدىن بىرسى بولغان گيۆرىڭ، ۋېنىس مېھمانخانىدا تۇرۇپ جىددى لازىم قىلىش ئۈچۈن مۇسسولىندىن بىر مىقدار قەرز ئۈندۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت قىلماقتا ئىدى. گەرچە گيۆرىڭنىڭ يارىسى تېخى تولۇق ساقىيىپ كەتمىگەن، توختاتماي مىقتدارىنى ئاشۇرۇپ دورا يەپ بېرىشى شەرت بولسىمۇ، فۈھرېرىگە سادىق بولۇپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قەرز ئىشىغا كىرىشكەن ئىدى. ئۇ ئالاقە قىلىۋاتقان ئادەم، مۇسسولىننىڭ بىر ۋاكالەتچىسى بولغان لېئو نېگرېللى دېگەن كىشى ئىدى. گيۆرىڭ بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن خەت ئالاقە قىلىپ فاشىستلاردىن قەرزگە ئىككى مىليون لىرا پۇل ئېلىش خىيالىنى قىلىپ يۈرەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇسسولىننى ھىتلېر تۈرمىدىن چىقار-چىقماي ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكىمۇ ۋەدە بېرىدۇ. بۇنىڭ رەخمىتى ئۈچۈن ناتسىستلار پارتىيىسىسى ئىتالىيىنىڭ تىيرولنىڭ جەنۇبىدىكى زېمىن تەلىۋىنى ئاشكارە قوللاشقا ماقۇل بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بۇ ۋەدىسى بەكلا كۆپ ھىمايىچىلىرىدىن مەھرۇم بولىشىنى، بولۇپمۇ باۋارىيىدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىىدۇ.
روشەنكى، فاشىست كاتىۋاش ئۆزىنىڭ “رىمغا يۈرۈش قىلىشى” دىن ئۈلگە ئالىمەن دەپ پاجىئەلىك مەغلوبىيەتكە ئۇچرىغان بىر سىياسىي پارتىيىنىڭ بۇنچىۋالا قەرزنى قايتۇرالىشىغا بەك ئىشىنىپ كەتمەيتتى. گيۆرىڭنىڭ ئۆتۈنۈشلىرى بىر قېتىملىق چوقانغىلا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. “ئىلگىرى، فاشىستلارمۇ بىزگە ئوخشاش بەكلا ئاجىز، ھەر دائىم مازاق قىلىنىپلا يۈرگەن ئىدى. — دەيدۇ گيۆرىڭ ئۆزىنى ئاقلىغان ھالدا، — كىشىلەر ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىستىقبالى يوق دېگەن گەپلەرگە قەتئىي ئىشەنمەڭلار. … كۆرىسىلەركى، بۇ پارتىيە بىر قانچە يىلغا قالماي ھاكىمىيەتنى قولغا ئالىدىغان بىر پارتىيە ھالىغا كېلىشى مۇقەررەر.” (1924~1925-يىللىرى ئارىسىدا گيۆرىڭنىڭ نېگرېللى بىلەن يېزىشقان خەتلىرى تېخى يېقىندا تېپىلغان بولۇپ، بېن ئې. سۋىرىنگېن تەرىپىدىن ئېنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ھۆججەتلەر گيۆرىڭنىڭ بۈگۈنگىچە بىلىنمەي كېلىۋاتقان شۇ دەۋرلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھاياتى ھەققىدە يېڭى يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە ناتسىستلار بىلەن فاشىستلارنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى مۇناسىۋىتىگە دائىر يېڭى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ — ھ. ئى).202 گيۆرىڭ، ناتسىستلار پارتىيىسى ئىتالىيىنىڭ جەنوبى تىيرولغا ئوخشاش بۇنداق خەلق رايىدىن ئايرىلىپ قېلىشغا سەۋەب بولىدىغان ئىشنى قوللاش ئۈستىدە تەپسىلى ئىزاھات بېرىپ ئۆتىدۇ. ئۇ يەنە، مۇسسولىننىڭ ئەنە شۇ ئىككى مىليون لىرا پولدىن پايدىلىنىپ نەقەدەر چوڭ پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. “بۇ ئىش سەۋەبىدىن سىز گېزىتلىرىمىزدا قاتتىق مۇبالىغە قىلىپ داۋراڭ قىلىنىشىڭىز مۇمكىن، ھەمدە بۇ ئىككى مىليون لىرانى ئەڭ كېچىككەندىمۇ بەش يىل ئىچىدە تولۇق قايتۇرۇپ بولىمىز.”
بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، گيۆرىڭ بۇ قەرز پۇلنى تېخىمۇ جىددى سۈرۈشتە قىلىدۇ. “ئەگەر بۇ ئەڭ ئۇلۇغ ئىككى مىللەتچىلىك ھەرىكىتى ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلالىغىنىدا ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بىر باشلىنىش بولۇپ قالاتتى. … مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يەھۇدىيلارغا قارشى ھەرىكەت ھەقىقەتەنمۇ خەلقئارالىق خاراكتېرگە ئىگە بىر ھەرىكەت دېگەنلىكتۇر. بارلىق دۆلەتلەر يەھۇدىيلارغا قارشى قوزغىلىشى شەرت.”
11-ئايمۇ جىمجىت ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەمما مۇسسولىن ھېلىغىچىلا بۇ ئىشقا ۋەدە بەرمەي تۇرىۋالىدۇ (ئېھتىمال ھەرگىزمۇ ئىككى مىليون لىرا قەرز بېرىش خىيالى يوق ئىدى)، فۈھرېرمۇ تۈرمىدىن چىقالمايدۇ. دىكابىر ئوتتۇرلىرىدا بىر قانچە يولداشلىرى تۈرمىدىن چىقىدۇ. “ھىتلېر قايتا ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئىشىدا كەينى-كەينىدىن ئۈمىدسىز ھالغا چۈشكەن بولسىمۇ يەنىلا زىھنىنى ئىشقا سېلىپ قايتىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ. — دەيدۇ ھېمرىخ ئەسلىمىسىدە، — تۈرمىدە قالغانلار غەيرەت قىلىپ روژدىستىۋا ئارچا بايرىمىغا تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىدۇ.” ئۇلار ئاممىۋىي بۆلۈمنى بىر باشتىن تۈزەشتۈرۈپ چىقىدۇ. ھەمدە ئوتتۇرىغا بىر زىننەتلەنگەن ئارچىمۇ تىكىدۇ. ئەمما ئۇلار ئارچا بايرىمى ئۈچۈن ئەتىراپنى زىننەتلەشكە باشلاشتىن ئاۋال شىتاتلىق پارلامېنتنىڭ ھىتلېرنى تۈرمىدىن چىقىش كاپالىتى بىلەن قويىۋىتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان بارلىق تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدۇ. بەلكىم ھىتلېرنى سوتلاشقا قاتناشقان ئۈچ نەپەر كەسىپ ئەھلى بولمىغان سودىيىلىرىنىڭ ئاشكارە چاقىرىق قىلىشىدىن بولسا كېرەك، 19-دىكابىر كۈنى، باۋارىيە ئالى سوت مەھكىمىسى ھىتلېرنى قويىۋىتىش توغرىلىق دەرھال بۇيرۇق قىلىدۇ.
بۇ خەۋەرنى تۈرمە مەسئۇلى لېيبولد بىۋاستە ھىتلېرغا ئۇقتۇرىدۇ. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن، تۈرمىدە بىر يىلدىن ئارتۇق قامىلىپ ياتقان ھىتلېر يولداشلىرى بىلەن خوشلىشىپ، يېنىدا بار پۇلىنىڭ ھەممىسىنى (282 مارك) ئۇلارغا تاشلاپ چىقىدۇ. ئۇ يەنە ھېمرىخ بىلەنمۇ قول ئېلىشىپ ئۇنىڭ قىلغان بارلىق ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتىپ خوشلىشىدۇ. ئاندىن لېيبولد بىلەنمۇ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا خەيرىلىشىدۇ. “مەن لاندىسبېرگتىن ئايرىلىش ۋاقتىمدا ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا يىغلاپ كەتكەن ئىدى! (تۈرمە باشلىقى بىلەن باشقا گۇندىپايلارنى دېمەكچى) — دەيدۇ ھىتلېر كېيىن ئەسلەپ، — ئەمما مەن يىغلىمىدىم. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز يېنىمىزغا تارتىپ بولغان ئىدۇق.”
ئۇ كۈنى ھاۋا تۇتۇق ئىدى. ھىتلېر ئالغىلى كەلگەن ئىككى كىشى بىلەن قىسقىچىلا سالاملىشىدۇ. ئۇلاردىن بىرسى نەشرىياتچى ئادولف مۈللېر بولۇپ، يەنە بىرسى فوتو رەسىمچىسى خوفمان ئىدى. ئاندىن ئۇ، بېرزىنت قاپلىق ساياھەت جېپىغا چاققانلىق بىلەن چىقىپ ئولتۇرىدۇ. سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن جېپنىڭ بېرزىنتى يېپىق ئىدى. تۈرمە ئىچىدە رەسىم تارتىش چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، خوفمان ھىتلېرنىڭ تۈرمىدىكى رەسىمىنى تارتالمايدۇ. ئەمما سىرتقا چىققاندىن كېيىن ھىتلېر خوفمانغا رەسىمىنى تارتىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھىتلېر بۇ قېدىمى پۇراق چىقىپ تۇرغان قەلئە دەرۋازىسى ئالدىدا بىر پارچە رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرىدۇ. يولدا خوفمان ھىتلېردىن سورايدۇ: بۇندىن كېيىن نېمە ئىش قىلماقچىسىز، ئىشنى نەدىن باشلاشنى ئويلاۋاتىسىز؟ ھىتلېر ئۇنىڭغا: “ئىشنى باشتىن باشلىماقچىمەن، ئىشنى يېڭىدىن باشلايمەن” دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاپتوموبىل ميۇنخېنغا قاراپ كېتىۋاتقىنىدا ھىتلېرنىڭ كۆڭلى ئازادە، كەيپىمۇ چاغ ئىدى (“نېمە دېگەن كۆڭۈللۈك ئىش بۇ، مەن يەنە قايتىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرالايدىغان بولدۇم!”). ھىتلېر، مۈللېرغا ماشىنىنى تېخىمۇ تېز ھەيدىشىنى ئېيتىدۇ. “بولمايدۇ ئەپەندىم، — دەيدۇ مۈللېر، — مەن يەنە 25 يىل ياشىشىم كېرەك!”
ئاپتوموبىل پاسىڭغا يېتىپ كەلگەندە بىر مۇنچە موتوتسكلىتلىق ناتسىستلار ئالدىغا چىقىپ ھىتلېرنىڭ ماشىنىسىنى قوغداپ شەھەرگە كىرىدۇ. بىر مۇنچە سادىق پارتىيە ئەزالىرى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتىراپىدا ھىتلېرنى قارشى ئېلىشقا كەلگەن ئىدى. پەلەمپەي ئالدىدا خوشاللىقىدىن ئويناقشىپ كەتكەن ئىتى ئېتىلغىنىچە كېلىپ ھىتلېرغا ئېسىلىۋىدى تاس قالىدۇ يېقىلىپ چۈشكىلى. ئۆيىنىڭ ئىچى گۈل-چىچەكلەر بىلەن توشقۇزۇلغان ئىدى. قوشنىسى ئۇنىڭغا بىر دەستىخان يىمەكلىك ۋە ئىچىملىك تاييارلىغان بولۇپ،203 ئۈستەلدە يەنە ئۈزۈم شارابىمۇ تىكلەگلىك ئىدى. دېمەككى، ئۇ تۈرمىدە ئۇنچە بەك ياخشى كۈتۈلمىگەن ئىكەن. شۇنداقتىمۇ، ئۇ لاندىسبېرگتا ئۆتكەن كۈنلىرىدىن بەك پۇشايمانمۇ قىلمايتتى. ئەكسىنچە، تۈرمە ھاياتى ئۇنىڭ ئىلگىرلىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان دېيىش مۇمكىن ئىدى. “تۈرمىگە كىرگەن كۈنۈم مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىستىخىيىلىك تۈردە تونۇپ كەلگەن ئىكەنمەن. جازا مۇددىتىم جەريانىدا مەن بۇ مەسىلىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تونۇشقا باشلىدىم. يەنى، تۈرمىگە قامىلىش جەريانىدا مەن قورقماس ئىرادىگە، كۆتۈرەڭگۈ روھى ھالەتكە ۋە ئۆز تەغدىرىمگە بولغان ئىشەنچە ئېرىشتىم. بۇندىن كېيىن ھېچ قانداق ئىش ئىرادەمنى تەۋرىتەلمەيدۇ.”
ھىتلېر تۈرمىدىن ئايرىلغىچە بولغان ئارىلىقتا پايدىسىز ۋەزىيەت ئۇنى چېنىقتۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ھىتلېرنىڭ ئىرادىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن ئىدى. پارتىيە ئىچىدىكى تالاش-تارتىشلار بىلەن سىياسىي غەرەزلەرنىڭ كۆرىنەرلىك زىيانلارنى پەيدا قىلغانلىقى ئۇنى نومۇسقا قويمىغان ياكى بۇنىڭدىن قىلچىمۇ بىئارام بولمىغان ئىدى. ئۇ ميۇنخېنغا قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن، يېپ-يېڭى بىر سىياسىي يول ئېچىش غەيرىتىگە كېلىدۇ. ئۇ ئەندى، بۇرۇنقى خاتالىقلىرىنى قايتا سادىر قىلماسلىققا ئىرادە باغلايدۇ.  بۇرۇنلاردا، ئۇ نامى بار ئەمما ئەمەلى كۈچى يوق بىر داھى ھېسابلىناتتى. يەنى باشقىلار قۇرۇپ چىققان پارتىيە ئۈچۈن چېپىپ يۈرگەن ئىدى. بۇندىن كېيىن، ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق داھى بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، ئۇزۇننى كۆزلىگەن غايە بويىچە ئىلگىرلەپ ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە ئۆزى تۈزۈپ چىققان لايىھە بويىچە ھەرىكەت قىلماقچى بولىدۇ.
ئۇنىڭ قىلماقچى بولغان بىرىنچى ئىشى، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەش بولىدۇ. دېكابىردىكى ئومۇمى سايلامدا، مىللى سوتسىيالىزم گۇرۇھى يېرىمدىن ئارتۇق پارلامېنت ۋەكىلىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ئاۋاز سانىمۇ 1 مىليون 918 مىڭدىن 907 مىڭغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، ناتسىستلار پارتىيىسى ھېلىغىچىلا قانۇنسىز ھالدا بولۇپ، پەقەت يوشۇرۇن پائالىيەت قىلىشقىلا مەجبۇر ئىدى. ئەمما ئىشنىڭ ياخشى تەرىپى، ئۇ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەنلا قالماي، ئۇنى يالاپ چېگرادىن چىقىرىۋېتىش ھەققىدىكى ئەرزمۇ يېقىندىن بېرى ئۇنى تۈرمىدىن چىقىرىش ئۈچۈن يول مېڭىپ يۈرگەن كىشىلەر تەرىپىدىن بىكار قىلدۇرۇلغان ئىدى: ئاۋسترىيە ھىتلېرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىمۇ ئەدىلىيە مىنىستىرى گۇرتنېرنىڭ قارار چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مۇقەررەر ئىدى. نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قارىشىدا، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنكى ھىتلېر ئىدىيولوگىسى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان ئاجايىپ بىر ئادەم ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ ئىرقچىلىق ھەرىكىتى گەرچە دېكابىردىكى سايلامدا مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ يەنىلا داغدۇغىلىق ھالدا تەرەققى قىلماقتا دەپ تونۇلاتتى. بۇ تۈردىكى تەرەققىياتنى پەيدا قىلغان ئامىل يەنە شۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ بولغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ قىزىق ئىدى. بۇرۇن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىدە مۆتىدىل تەرەپتىكىلەر بىلەن ئاكتىپ ۋەتەنپەرۋەرلەر تەرىپى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن بىر قارارغا كىلەلمەي يۈرگەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، شۇ قېتىمقى بالا تاشلىۋەتكەن قوزغىلاڭغا قىزىقىش تەرىپىدە بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارمۇ رادىكالچىلار تەرىپىگە ئېغىپ كەتكەن ئىدى.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئاساسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كەلگەن ئىدى. گەرچە پارتىيە ئىچىدىكى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى ھاڭ بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىپ بىر-بىرسىنى سۆكۈش ئىشلىرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ ھىتلېر ئۇلارنى زىدىيەتلەردىن ھالقىپ ئۆزىگە سادىق بولۇش تەرىپىگە يېتەكلىيەلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچى كامىل ئىدى.  ھىتلېر رەسمى بىر داھى ھالىغا كېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. خۇددى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھىمايىچىلىرىمۇ خەلق ھەرىكىتىنىڭ نىشانىنى ھىتلېرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويماقتىن باشقىچە بىرەر يولىمۇ يوق ئىدى. ئادولف ھىتلېردىن ئىبارەت ئەقىدە ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان بۇ ئومۇم خەلق ئۈلگىسى، خەلققە بىر تەرەپتىن بايرىقىنىڭ، ئەركىنلىكىنىڭ ۋە ئىرقى ساپلىقىنىڭ سىموۋۇلى ھالىغا كەلگەن ئىدى.
ئۇنىڭ تىپ-تىنىچ، يالغۇز كامىر ئىچىدە كاللىسىدا ئويلىغان نەرسىلىرى تېخى كۈنۈپ بولالمىغان ميۇنخېندىكى ئەركىن مۇھىتى بىلەنمۇ ئاساسەن ئوخشاپ كېتەتتى. ئەركىنلىككە چىققان بىرىنچى كۈنى ئاخشىمى ئۆزىمۇ ئىشنى نەدىن باشلاش كېرەكلىكىنى ئېنىق ئەقلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ. “مېنىڭدە مۇنداق بىر ئادەتنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم: ھەر قانداق ۋاقىتتا ئارىلاپ مۆرە قاقىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قالىدىكەن. ھەر قانداق بىر ئىش قىلماقچى بولسام ئاۋال بىر مەزگىل ئارام ئېلىشنى تەلەپ قىلىدىكەنمەن. بۇ مىجەزىم مېنى ئىزچىل تۈردە بىئارام قىلىپ كەلمەكتە!” شۇنىڭغا قارىماي ھىتلېر بەرىبىر ئەقىللىق بىرى ھېسابلىناتتى. ئۇ، قىسقا بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆكەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆزىنىڭ “ئەمەلىيەت بىلەن ماسلىشىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى” بىلەتتى. شۇڭا ئۇ، بىر قانچە ھەپتە خىيال قىلماي يۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن “بىر-بىرى بىلەن ئۆچەكىشىپ يۈرگەن قېرىنداشلىرىنى ياراشتۇرۇش” ۋەزىپىسىنى ئورۇندىماقچى بولىدۇ.
ئۇ، قايتىدىن ئادەتتىكى بىر پۇخرا ئېغىر بېسىقلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ بىرىنچى قەدەمدە ئارچا بايرىمى ئاخشىمى خانفىستايىنگىل ئەر-خوتۇن ئىككىسىنى زىيارەت قىلىشتىن ئىشنى باشلايدۇ.204 ئۇلار ئىسار دەرياسى قارشىسىدىكى بىر ئۆيگە كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئۆي بۇرۇنقى ئۆيىگە قارىغاندا خېلىلا كەڭتاشا بىر ئۆي ئىدى. بۇ رايون خېرزوگ باغچىسىغا يېقىن بىر يەر بولۇپ، مەنزىرىسى ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق ئىدى. بۇ يەر توماس مان قاتارىدىكى داڭلىق يازغۇچىلار ئولتۇراقلاشقان بىر رايون ئىدى. ھىتلېر پىيانو ئۆيىگە كىرىپ كەلگىنىدە روھى جەھەتتىن جىددىلىشىپ ئالاق-جالاق بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن، خۇددى يالۋۇرغاندەك قىياپەتتە: “خانفىستايىنگىل، ماڭا «لېيبېستود» نى چېلىپ بەرگىنە” دەيدۇ. خانفىستايىنگىل لىسزتيان تەرىپىدىن ئۆزگەرتىپ تەييارلىغان داڭلىق «ترىستان بىلەن ئىسولد» تىن بىر ئاھاڭنى پۈتۈن زىھنى بىلەن چېلىپ بەرگىنىدىن كېيىنلا ھىتلېر ئاندىن جىددىچىلىكتىن قۇتۇلۇپ ئۆز ئەسلىگە كېلەلەيدۇ. بۇ چاغدا ھېلېنا يېڭى قوشۇلغان قىزى ھېرتانى كۆتۈرۈپ كىرىپ كېلىدۇ. ھىتلېر بۇۋاققا قاراپ غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ بىر ھازا بالىنى ئەكىلىتىدۇ. ئاندىن ھېلېنادىن ئۇفىيىڭدا يۈز بەرگەن ئىشلار ئۈچۈن ئەپۇ سورايدۇ. “سىز تونۇشلۇرۇم ئىچىدىكى ئەڭ كونا قاراشلىق بىرسى ئىكەنسىز.” ئۇ گەپ قىلغاچ بۇ رويالخانىغا كۆز ئاتىدۇ. ئۇ گېپىنىڭ يېرىمىنى قىلىپلا تۇيۇقسىز كەينىگە بۇرۇلۇپ ئەتراپقا قاراپ كېتىدۇ. “كەچۈرۈڭ، — دەيدۇ ھىتلېر بۇ قىلىقىنى چۈشەندۈرۈپ كېلىپ، — بۇ مىجەز تۈرمىنىڭ يالدامىسى، ئۇ يەردە ھەرقانداق بىر يەردە ھەر دائىم دېگىدەك شۇ مەرەز گۇندىپايلار كەينىڭدىن سېنى كۈزىتىپ يۈرگىنى يۈرگەن. — ھەقىقەتەنمۇ لاندسبېرگ تۈرمىسىدە ھەر دائىم ئىشىك يوچۇقىدىن ئۇنى ماراپ كۈزىتىپ يۈرۈشەتتى. — بەك قورقۇنۇچلۇق، بۇنى بىر دېمەڭ! مەن ئىشىنىمەنكى، ئۇلار بىرەر باھانە تېپىپ مېنى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىۋېتىشنىڭلا كويىدا يۈرەتتى. مېنىڭ ئىككى ھەپتە ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىمدىن خەۋىرىڭلار بار. ئۇلار بۇنى مېنىڭ ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىمنىڭ بىر ئىسپاتى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغانىكەن.” (بەلكىم بۇمۇ ئۇنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشنى توختىتىشقا سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن) كەچلىك تاماقتىن كېيىن، ئۇلار ئارچا دەرىخى ئاستىغا يوشۇرۇلغان سوغاتلارنى چىقىرىپ تارقىتىدۇ. ئاندىن، ھېلېنا، ھىتلېر ۋە تۆت ياشلىق ئېگون ئۈچىسى پىيانونىڭ ئەتىراپىدا ئولۇشۇپ ئولتۇرىدۇ. خانفىستايىنگىل «ستېينۋاي» دىن كەينى-كەينىدىن بىر قانچە ئاھاڭ چالىدۇ. «ئارمىيە مارشى» دېگەن بىر مۇزىكا ھىتلېرنى بەكلا ھاياجانغا سېلىۋېتىدۇ. ئۇ قولىنى كەينىگە قىلىپ خۇددى ھەربىلەردەك ئۆي ئىچىدە چۆگۈلەپ يۈرگىنىدە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇرۇش ۋاقتىدىكى مەنزىرە قايتا نامايەن بولىدۇ. ئۇ يەنە ئېگونغا ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئەھۋاللارنى دوراپ بېرىدۇ: ئۇ، كاتيۇشا ئاۋازىنى، 75 سانتىمېتر ئېغىزلىق زەمبىرەك ئاۋازىنى ھەمدە پىلىموت ئاۋازىنى دوراپ بېرىدۇ. ئۇ بەزىدە بىرلا خىل ئاۋازنى دورىسا، يەنە بەزىدە بىر قانچە خىل ئاۋازنى قوشۇپ دوراپ بېرەتتى.
ئاندىن ئۇ سىياسەتكە چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇ قايتىدىن يەھۇدىيلارغا قارشى ئۇزۇن نۇتقىنى باشلىۋېتىدۇ. خانفىستايىنگىل ئۇنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى قاراشلىرى كونكىرىتنى ئىرقچىلىق پۇرىقىنى ئالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ۋول سترېت، ھەتتا پۈتكۈل ئامېرىكا يەھۇدىيلارنىڭ تېزگىنىگە ئۆتۈپ بولغانمىش. كەينىدىنلا ئۇنىڭ پىكىرلىرى، ئۇنىڭ گېپى تۇيۇقسىزلا لاندىسبېرگتىكى يېقىن سەبداشلىرى ھەققىدىكى گەپلەرگە بۇرۇلىدۇ. “ئاھ مېنىڭ شۇ رۇدىيىم، مېنىڭ شۇ ھېسرىم، — ھىتلېر ھاياجان ئىچىدە ئاۋازىنى قويىۋېرتىدۇ: — ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە شۇ تۈرمىدە قامىلىپ ياتقانلىقىنى ئويلىسام ۋۇجۇدۇم شۈركىنىپ كېتىدۇ!” ھىتلېر ئۆيدىن چىقىش ئالدىدا ھېلېنا بىلەن پىيانو ئۆيىدە بىر ئاز يالغۇز قالىدۇ. ھېلېنا سوفادا ئولتۇرغىنىدا ھىتلېر تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ تىزلانغان ھالدا بېشىنى ئۇنىڭ قۇچىقىغا قويۇپ: “ماڭا قارايدىغان بىرسى بولسىمىغۇ كاشكى!” دەيدۇ.
“ياق، ياق، ئۇنداق قىلماڭ.” ھېلېنا ئۇنىڭدىن نېمىشقا توي قىلمىغانلىقىنى سورايدۇ. “مەن ھەرگىزمۇ توي قىلمايمەن. چۇنكى مەن، ئۆزەمنى ۋەتەنگە ئاتىۋەتكەن بىرىمەن.” بۇ ۋاقىتتا ھېلېنا ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ كۆڭلىدە ھىتلېرنى راستىنلا كىچىك بالىغا ئوخشىتىپ قالىدۇ. تەخمىنەن بۇندىن 17 يەتتە يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈنلەردە ھىتلېر ئاپىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. “ئەگەر شۇ پەيتتە بىرەرسى كىرىپ قالغان بولسا ھەقىقەتەنمۇ سەتچىلىك بولاتتى. — دەيدۇ ھېلېنا كېيىن ئەسلەپ كېلىپ، — ئۇنى قاتتىق خىجىل قىلىۋەتكەن بولاتتى. شۇ چاغدا ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قاراملىق قىلغان ئىدى. راستىنلا بىر قاراملىق ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىش شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولۇپ مەنمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋەردىم.”


8. ھىتلېرنىڭ مەخپى كىتابى
1925-يىلىدىن 1928-يىلىغىچە205

1

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-24 23:14:14 | ئايرىم كۆرۈش

8. ھىتلېرنىڭ مەخپى كىتابى
1925-يىلىدىن 1928-يىلىغىچە205

1
يېڭى يىل ھارپىسىدا، خوفمان ھىتلېرنى ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى يىللىق مەرىكىگە تەكلىپ قىلىدۇ. ھىتلېر بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەمما مەرىكە باشلانغاندىن كېيىن بىر قىز خوفماندىن فۈھرېرگە تېلېفون قىلىپ يەنە بىر قېتىم تەكلىپ قىلىپ باقسىڭىز دەپ ئۆتۈنىدۇ. خوفماننىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىقىپ ھىتلېر بۇ قېتىم تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ “ھازىرلا يولغا چىقىمەن، ئەمما يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇپ بېرەلمەيمەن” دەپ ئەسكەرتىپ قويىدۇ. مۇراسىمدىكى بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈشىدۇ. بولۇپمۇ ئايال مېھمانلار ئۇنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن ھەممىدىن بەك تەقەززار بولماقتا ئىدى. دېگەندەك، ھىتلېر ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي ئولتۇرۇشقا كېلىدۇ. “ھىتلېر مۇراسىملىق كاستيۇم-بۇرۇلكا كېيىۋالغان بولۇپ، كىيىمى ئۇچىسىغا بەكلا ياراشقان ئىدى. — دەپ يازىدۇ خوفمان، — ھىتلېر ئۇ ۋاقىتلاردا چېچىنى پىشانىسىغا چۈشۈرۈپ تارايدىغان ئادىتى يوق ئىدى. ئۇنىڭ چېچى بەك قۇيۇق بولمىسىمۇ، ئۇنى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىلىپ كۆرسىتىپ تۇراتتى.” ئايال مېھمانلار ئۇنىڭ ئويماقتەك بۇرۇتىغا بەكلا ھەۋەسلىنىدۇ.
كېلىشكەن بىر قىز يۈرەكلىك بىلەن ئالدىغا چىقىپ، ھىتلېرنى ئارچا دەرىخىنىڭ تۈۋىگە باشلاپ بېرىپ بىرنى سۈيۈپ قويىدۇ (ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ئارچا دەرىخى روژدىستىۋا بايرىمىدا زىننەتلىنىدىغان دەرەخ تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئارچا بايرىمى كۈنىسى بۇ دەرەخ تۈۋىدىن ئۆتكەن قىزنى ھەرقانداق بىرسى سۆيسە بولىۋىرەتتى — ھاشىيە ئىزاھاتى). “ھىتلېرنىڭ چىرايىدىكى ئالاقىزادىلىك بىلەن قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنىشىنى ھەرگىز ئىسىمدىن چىقىرالمايمەن! ئۇنى سۆيۈپ قويغان ھېلىقى شوخ قىزمۇ بەكلا يەڭگىللىك قىلغانلىقىنى، ئەتراپتىكىلەرنىمۇ بىئارام قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۈن چىقارماي جىمىپ كېتىدۇ. ھىتلېر ھۇلۇقۇپ كىچىك بالىدەك ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالىدۇ. ئۇ كالپۇكىنى چىشلىگىنىچە ئاچچىقىنى ئارانلا بېسىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ، ئەسلىدىلا سوغۇق تۈسكە كىرىپ قالغان مەرىكە سالونى بىراقلا جىمجىتلىق ئىچىگە چۈشۈپ قالىدۇ.” خوفمان بۇ ئىشنى كۈلكە بىلەن ئۆتكۈزىۋېتىپ مۇراسىمنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا تىرىشتى. “ھېلىمۇ ياخشى بۇ سۆيۈپ قويۇش ئىشنى چوڭ ياشلىق بىرسى قىلمىدى. ھىتلېر ئەپەندى، بۇ سەۋەپلىك سىز قىزلاردىن تەلىيىڭىز كەلسە ئەجەپ ئەمەس.” بۇ گەپلەرمۇ ھىتلېرنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشكە يەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇ، سورۇندىكىلەر بىلەن ئەدەپ بىلەن سوغۇق بىر شەكىلدە خوشلىشىپ مۇراسىمدىن ئايرىلىدۇ.
ھىتلېر، لاندسبېرگ تۈرمىسىدىن چىققىنىدىن كېيىن يالغۇز دېگىدەك ياشايدۇ. مەيلى سىياسىي جەھەتتە بولسۇن ياكى ئىجتىمائى مۇناسىۋەت جەھەتلەردە بولسۇن، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە كۆنمىكى ھەقىقەتەنمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ. شۇڭا ئۇ، ئۆز پائالىيىتىنى ئېسسېر بىلەن پۆھنېر ئىككىسىنى ۋاستە قىلىپ كەينىدە تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىش دائىرىسىدە چەكلەپ،206 ئۆزىنىڭ يېڭى پىلانىنى ئاشكارىلىماي، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىدىن تەلىمات ئېلىش ياكى مۇبارەكلەپ كۆرگىلى كەلگەنلەردىن يىراق تۇرۇپ بىر مەزگىل جىم يۈرۈشنى توغرا تاپىدۇ. شۇ قاتاردا، ئادەتتىكى ئەگەشكۈچىلىرىنى خاتا ھالدا سوۋۇتۇشتىن ساقلاپ، ئۇلارنى ھىتلېرنىڭ تۇنجى نۇتقىنى ئاڭلايمىز دەپ تەققەززار قىلالىشىمۇ مۇمكىن دەپ ئويلايدۇ.
ھىتلېر، بۈگۈنكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي  جەھەتتە كۆرۈلگەن شىددەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى بىلەن تېخىمۇ تېز تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن پۈتۈن زىھنىنى بىر يەرگە يىغىپ تەپەككۈر قىلىشىغا مۇھتاج بولغاچقا ھېچ قانداق توسالغۇ پەيدا بولماسلىقىنى ئارزۇ قىلاتتى. فرانسىيىدە بولسا، بۇرۇن رۇرنى ئىشغال قىلىش تەلىۋىدە بولغان ھاكىمىيەت گۇرۇھىدىكىلەرمۇ ھۆكۈمەتتىن چۈشۈپ ئورنىغا يارىشىشقا مائىل بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلغان ئىدى. ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلەش مەسىلىسىدە، سەل ئاۋال ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر گېرمانىيىنىڭ نىسبەتەن ئادىل قەرز تۆلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىغا قوشۇلىدىغانلىقى ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىشقان ئىدى. ئىقتىسادىي  سەپلەردە ماركنىڭ قىممىتى تۇراقلىق ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي  جەھەتتىكى ئۇنداق شىددەتلىك ئۆزگىرىش قالايماقانمچىلىقى قايتا يۈز بەرمەس بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلىغان ئىدى. فرانسىيە بىلەن مەسىلىلەرنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىش ھەمدە ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تۈردىكى ئىككى تۈرلۈك مۇھىم ئىشنىڭ يولغا قويۇلىشى، ھىتلېرنى قولىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر سىياسىي دەسمايىسىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىدىن دىرەك بېرەتتى.
يەنە بىر جەھەتتە، جەمئىيەتمۇ ئۆزگىرىشكە باشلىغان بولۇپ ھىتلېرنىڭ پۈتۈن گېرمانىيە بويىچە قايتىدىن سىياسىي سەھنىگە چىقىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىلغان ئىدى. پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى، شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى، نوپۇس تارقاقلىشىشى، شۇنىڭدەك ئۆتكەن ئون يىللىق سانائەتلىشىش جەريانلىرى ھاللىق سىنىپتىكىلەرنىڭ پارچىلىنىپ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىدى. ئۇششاق ئېلىپ-ساتارلار، ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالايدىغان تىجارەتچىلەر بىلەن پومىشچىكلارمۇ بۇ بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماقتا ئىدى. مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن ۋاقىتلاردا ئەڭ ئېغىر زەربە يېگەنلەر يەنىلا شۇ ئوتتۇرا ھال سەۋىيىلىك سىنىپلار ئىدى. بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئىشچىلار سىنىپىغا قارىغاندا نىسبەتەن باياشات ياشاش ئىمكانلىرىغا ئىگە تەبىقە ھېسابلانسىمۇ، بۇ ۋەزىيەت ئۇلارنىڭ تىجەپ قولغا كەلتۈرگەن مەبلىغىنى بىراقلا توزىتىۋېتىدۇ. نۇرغۇنلىرى بۇنداق بەخىتسىزلىك سەۋەبىدىن قىزىللار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالماقتا ئىدى. نەتىجىدە بۇرۇنقى ھاللىق  تەبىقىدىكىلەرنىڭ دەرد-ئەلىمى تېز سۈرئەتتە غەزەپكە ئايلانماقتا ئىدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ تۈردىكى كىشىلەرمۇ ھىتلېرنىڭ تەرغىپ قىلىپ كېلىۋاتقان يەھۇدىي دۈشمەنلىكى ئەقىدىسىنى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدىغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
بۇ يېڭى يىل، ھىتلېرغا نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەر بىلەن بىر قاتاردا كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەندىكى مەسىلە، بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا ھىتلېرنىڭ سىياسىي تەغدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ ئىككى تۈرلۈك ۋەزىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرىشىغا باغلىق ئىدى. بۇ جەھەتتە، ئۇ بىرىنچى قەدەمدە 1925-يىلى 4-يانۋار كۈنى يېڭىدىن باۋارىيىگە باش مىنىستىر بولۇپ تەيىنلەنگەن ھېنىرىخ خېلد بىلەن زىتلىشىشنى توختىتىشتىن ئىش باشلايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بېرىپ خېلد بىلەن يېرىم سائەتتەك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، يېڭى ھۆكۈمەتكە سادىق بولىدىغانلىقى، بۇ يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ قىزىللارغا ئورتاق قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، ھىتلېر، بۇندىن كېيىنكى سىياسىي كۈرەشلەردە قانۇنلۇق ھەرىكەت شەكىللىرى بويىچىلا پائالىيەت قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ. ھىتلېر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن بەكلا خوشال بولغان خېلد، شۇ كۈنى ئاخشىمى ئەتراپىدىكىلەرگە: “ئەندى بىز بۇ ۋەھشى يىرتقۇچنى قولغا كۆندۈرەلىدۇق دەپ قارىساق بولىدۇ. بۇندىن كېيىن ئۇنى باغلىغان زىنجىرنى سەل بوش قويىۋىتەلىشىمىز مۇمكىن” دەيدۇ.
ھىتلېرنىڭ تەييارلىق قىلىش باسقۇچى ۋە سىرت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلاش باسقۇچى جەريانىدا ئۇنىڭ بىلەن بەكلا ئاز كىشىلەر مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، مۇناسىۋەت قىلىشقانلار ئارىسىدا يەنە كېلىپ ئالفرېد روزېنبېرگ يوق ئىدى. ئەمما روزېنبېرگ ھىتلېرنىڭ ئېسسېر، ئامان، خوفمان ۋە خانفىستايىنگىل قاتارىدىكى كىشىلەر بىلەن دائىم بىرلىكتە ماشىنىلىق سەھرالارنى ئايلىنىپ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەردار ئىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ تاللانغان كىشىلەر ئارىسىدىن سىرتتا قالدۇرۇلغانلىقىغا بەكلا نارازى ئىدى. “ھىتلېر ماڭا بەكلا ئەھمىيەت بېرەتتى. شۇنىڭغا قارىماي مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ” دەيدۇ روزېنبېرگ كېيىن رەنجىگەن ھالدا. بۇنىڭ سەۋەبى، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدىن رەنجىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن پارتىيىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش ئىدى. روزېنبېرگ دوستى كۇرت لۈدېك ئارقىلىق ماقالە يازدۇرۇپ، بىر بولسا ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشلارنى دەرھال توختىتىشڭلار كېرەك، بولمىسا پارتىيە چوقۇم يوقىلىدۇ دەپ بۇ ئىشلارنىڭ خەۋىپى ھەققىدە ئۇنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.
لۈدېك ھىتلېرغا بۇ ماقالىنىڭ بىر نۇسخىسىنى ئىۋەرتىپ بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش تەلىبىدە بولىدۇ. ئۇلار تيېرشستراس كوچىسىدىكى كىچىك ئۆيىدە كۆرۈشىدۇ. ھىتلېر دەسلىۋىدە لۇدېندورفنى بىر مۇنچە قاغىغاندىن كېيىن، يەھۇدىيلار مەسىلىسى ھەققىدە تىنماي سۆزلەپ كېتىدۇ.207 بۇ گەپلەر تۈگىگەندىن كېيىنلا ئاندىن ماقالە ھەققىدە گەپكە كېلىدۇ. ھىتلېر لۈدېككە ئۇ ۋاقىتلاردا چەتئەلدە بولغاچقا قوزغىلاڭنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولىشى، شۇنىڭدەك سوتنىڭ تەپسىلاتىدىنمۇ خەۋەردار بولالىشى مۇمكىن ئەمەس دەيدۇ. ئۇ، روزېنبېرگنىڭ ئېسسېر بىلەن ئارىمىزغا زىدىيەت سېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى شاڭخو قىلىدۇ (“ئۇ بىر نېمىنىڭ تىرنىقىدىكى سىياسىي ھېسسىياتى قارىلاپ يۈرگەن بۇ كىشىلەرنىڭ سۇڭىدىكى سىياسىي ھېسسىياتىدىنمۇ كۈچلۈكىرەك ئىكەن.”). ئاندىن ئۇ، روزېنبېرگكە دەپ قوي، “ئۇ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈستىدە ئويۇن ئويناشتىن دەرھال ۋاز كېچىپ توغرا يولىغا قايتسۇن” دەيپ لۈدېككە قاتتىق ئەسكەرتىش قىلىدۇ.
كۆرۈنۈشتە، ھىتلېر لۈدېكنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى تالاش-تارتىشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە بەرگەن تەكلىۋىنى رەت قىلغاندەك تۇيغۇ بەرگەندەك قىلسىمۇ ئەسلىدە ئۇنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. پارتىيىنىڭ يارىلىرىنى ساقايتىش جەھەتتىكى غەيرىتى، شۇنىڭدەك باش مىنىستىر خېلدغا بەرگەن ۋەدىسى تېز ئارىدىلا ئۆنۈم بېرىدۇ. 16-فېۋرال كۈنى، باۋارىيە ھۆكۈمىتى جىددى ھالەت بۇيرۇقىنى بىكار قىلىپ ناتسىستلار پارتىيىسىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ئارىدىن ئون كۈن ئۆتكەندە «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتى قايتىدىن گېزىت بوتكىلىرىدا كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ھىتلېر بۇ گېزىتقا «يېڭى باشلىنىش» تېمىلىق ئۇزۇن بىر پارچە باش ماقالە يېزىپ بېرىدۇ. ئۇ باشماقالىدا بۇندىن كېيىن تەشكىلاتىمىز قانۇنلۇق ۋە سىياسەت بويىچە ئىش قىلىدۇ، شەخسى ياكى دىنى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىغا ھەرگىز قۇلاق سالمايدۇ؛ شۇنىڭدەك پارتىيە ئىچىدىكى ھەر قايسى ئاممىۋى تەرەپبازلىقلارغا ياراشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا تالاش-تارتىشلار ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ دەپ يازىدۇ. ھىتلېر ماقالىسىدا، بىز قەتئىي ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق دۈشمىنىمىز بولغان يەھۇدىي ماركسىزمىنى مەغلۇپ قىلىمىز دەپ تەكىتلەيدۇ. بۇ، يېڭى ئادولف ھىتلېرنىڭ ھەرىكەتكە ئاتلىنىشى ئىدى؛ پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن قەتئىي تۈردە قانۇنلۇق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك يەنە يارىشىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆز ئۇسۇلى بويىچە پارتىيە قۇرۇشقا كىرىشىدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرغا قويىدۇ. گەرچە ئۇ ئىلگىرى ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىلىرى ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ يەنىلا ئۈچۈن بىرىنچى دەرىجىلىك دۈشمەن ھېسابلىنىدىغان يەھۇدىيلارغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي يۇمشاتمايدۇ.
ئەتىسى، يەنى 27-فېۋرالدا، ھىتلېر ئاشكارە تۈردە سىياسەت ساھەسىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ، بۈرگېر براۋكېللېرگە — قوزغىلاڭ باشلاتقان يەرگە — بېرىپ ئۇ يەردە پارتىيە يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئۇ يىغىندا، ئاخشىمى سائەت 8 دە نۇتقىمنى باشلايمەن دەيدۇ؛ ئەمما چۈشتىن كېيىندىن باشلاپلا بۇ پىۋىخانا ئالدى يىغىنغا قاتناشماقچى بولغانلارنىڭ كىرىش ئۈچۈن قاتارغا تۇرغان كىشىلەر بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دا ساقچىلار كېلىپ ئىشىكلەرنى ئېتىشكە باشلىغان ۋاقىتتا زال ئىچىدە تۆت مىڭ كىشىلىك نۇتۇق ئاڭلىغۇچى لىپمۇ-لىق ئولتۇرىشاتتى. شۇنىڭدەك يەنە مىڭدەك كىشى زالغا كىرەلمەي سىرتتا قالغان ئىدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ناتسىتلار پارتىيىسىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، پەقەت رۆم، ستراسسېر ۋە روزېنبېرگ قاتارلىق ئۈچ كىشىلا كەلمەيدۇ. “مەن بۇنداق ئۇيۇنغا قاتنىشىشنى خالىمايمەن، — دەيدۇ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن روزېنبېرگ لۈدېككە، — مەن ھىتلېرنىڭ قېرىنداشلار قۇچاغلىشىشى، قول ئېلىشىپ بىر-بىرسىگە سالام بېرىش دەيدىغان ئۇنداق ئۇيۇنلىرىنى جىق كۆرگەنمەن.”روزېنبېرگ بەكلا غۇرۇرلۇق بىرسى بولۇپ، ئۆزىنى چەتتە قالدۇرغان ھەرقانداق بىرسى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى ھەرگىز خالىمايتتى.
چوڭ زالدىكى مەردانە ھېسسىيات ئاساسەن ئالغاندا قوزغىلاڭ ھارپىسىدىكى ھالەت بىلەن ئوخشاش دېگىدەك ئىدى. ھىتلېر زال ئوتتۇرسىدىكى يولنى كېسىپ ئۆتۈپ سەھنىگە چىققىنىدا، قىزغىن تەرەپپازلار ئارقا-ئارقىدىن قوللىرىدىكى پىۋا پوتولكىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ھىتلېرغا تەنتەنە قىلىپ ئۆزئارا قۇچاغلىشىپ كېتىدۇ. ھىتلېرنىڭ كۆزى پارتىيە رەھبەرلىرىدىن ئېشىپ يىراقتىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەنتەنە قىلىشلىرىغا تىكىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئىنتايىن جوشقۇنلۇق بولسىمۇ، يەنىلا ھېچ بىر تەرەپنىڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان گەپلەرنى قىلمايدۇ. ئۇ 1924-يىلقى جىدەل ماجرالاردىن بىرەر مىسال كەلتۈرۈپ كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنىمۇ تىلغا ئېلىپ يۈرمەيدۇ. بۇ ھەقتە قەستەن سۆزلىمەي ئۆتكۈزىۋېتىدۇ. ئۇ، لۇدېندورفنى “ھەرىكەتنىڭ ئەڭ سادىق، قىلچە شەخسى مەنپەتنى كۆزلىمەيدىغان دوستىمىز” دەپ ماختاپ، “پىشقەدەم ناتسىستلار پارتىيە ئەزالىرى” ئاممىسىنىڭ كرىست بەلگىلىك بايراق ئاستىدا ئىتتىپاقلىشىپ، باش دۈشمىنى بولغان ماركسىزم بىلەن يەھۇدىيلارنى تارمار قىلىشقا تەييار تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ دېگەنلىرىنىڭ بىرىنچىسى ئېسسېردەك ئىنقىلابچىلارغا چىقارغان چاقىرىق بولسا، كېيىنكىسى ئانتون درېكسلېر بىلەن نىسبەتەن كونسىرىۋاتىپ خەلق ئارىسىدىكى تەرەپپازلارغا مۇراجەت قىلىنغان چاقىرىق ئىدى.208
گېرمانىيىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ھاياجانلىق چاقىرىقلارنى قىلغاندىن كېيىن (“60~70 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە ئۇلۇغ بىر مىللەتنى تارمار قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەيدىغان قاراش، ساراڭلارچە بىر قاراش. ئەگەر بۇ خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش كۈچىدىن مەھرۇم بولۇپ قالغىنىدا چوقۇم يىمىرىلىپ يوقۇلىدۇ”)، ئۇ دىققەت نەزىرىنى ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان پارتىيىنىڭ رەھبىرى كادىرلىرىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. ھىتلېر ئۇلاردىن ساداقەتلىك بىلەن ئۆزىنى قوللاپ بېرىشىنىمۇ ياكى ئۇلار بىلەن يارىشىشنىمۇ تەلەپ قىلمايدۇ. ھىتلېر بۇ كىشىلەرگە، ئەگەر يەھۇدىيلارنى تازىلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى خالىمايدىغانلار بولسا پارتىيىدىن ئايرىلسۇن دەپ بويرۇق قىلىدۇ. “ئەگەر كىمدە-كىم ماڭا شەرت قويماقچى بولىدىكەن، مەن ئۇ كىشىلەرگە:  'دوستۇم، ئالدىرىماي تۇر، مەن سىلەرگە قانداق شەرت قويىدىغانلىقىمنى كۆرۈپ قالىسىلەر' دەپ جاۋاب بېرىمەن. مەن سىرتقا چىقىپ خەلق ئاممىسىنى قوزغىتىمەن دەپ يۈرمەيمەن. پارتىيىلىك يولداشلار، ماڭا باھا بەرمەكچى بولساڭلار بىر يىل كۈزەتكەندىن كېيىن ماڭا قارىتا ھۆكۈم چىقىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر بىر يىل ئىچىدە ياخشى باشقۇرۇپ كېتەلىسەم مەسىلە يوق. ئەگەر ناۋادا ياخشى باشقۇرالمىسام پارتىيە ھوقۇقىنى سىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن. ئەمما شۇ ۋاقىتقىچە بۇ ھەرىكىتىمىزگە يالغۇز مەنلا يېتەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىمەن. پۈتۈن ئىشلارغا يالغۇز مەنلا مەسئول بولىشىم كېرەك. بۇ جەرياندا ھېچكىم ماڭا شەرت قويماسلىقى كېرەك. مەن، تۈردە ھەرىكىتىمىز جەريانىدا كۆرۈلىدىغان بارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەسئولىيىتىنى شەرتسىز ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن.”
ئۇنىڭ تەلۋىلەرچە ھېسسىياتى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. شۇ ھامان “ياشىسۇن — خايىل!” دەپ توۋلاشلار كۆتۈرىلىدۇ. ئاياللار ھاياجاندىن يىغلاپ كېتىدۇ؛ كەينىدىكىلەر قىستىلىپ ئالدىغا ئۆتۈشكە، يەنە بەزىلەر ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئورۇندۇق-ئۈستەللەردىن ئاتلاپ ئالدىغا قاراپ سۈرۈلۈشكە تىرىشاتتى. بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ بولۇشۇپ كەتكەن دۈشمەنلىرىمۇ ئەندىلىكتە سەلدەك قىستىلىشىپ سەھنىگە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ كېتىدۇ. نۇرغۇنلىرى كۆز ياشلىرىنى تۇتىۋالالماي قالىدۇ. ماكس ئامان ئوتتۇرىغا چىقىپ «ئۆزئارا يەكلەشلەرگە قەتئىي خاتىمە بېرەيلى! ھەممە ھىتلېرنى ھىمايە قىلايلى!» دەپ توۋلايدۇ. گېرمانىيە مىللەتچىلەر پارتىيىسىدىن رۇدولف بۇتمان تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن “بىزنىڭ بارلىق گۇمانلىرىمىز فۈھرېرىمىزنىڭ بۇ نۇتقى بىلەن پۈتۈنلەي تۈگىدى” دەپ ئېلان قىلىدۇ. بۇتمان تىلغا ئالغان “فۈھرېر” دېگەن بۇ نام، شۇ كۈنلەرگىچە ئوچۇق ئاشكارە ئىشلىتىلمەي، ئۆزئارا دېيىشىپ كېلىنگەنلا بىر سۆز ئىدى. دېمەك، بۇتمان ھىتلېرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تەڭداشسىز غالىپ ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرسەتمەكتە ئىدى. شۇندىن كېيىن، ھىتلېر ئاشكارە تۈردە فۈھرېر، دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ھىتلېر ناتسىستلار پارتىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپلا قالماستىن، پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك پىرىنسىپىنىمۇ ئورنىتىپ چىقىدۇ: بىرلا كىشى ھاكىممۇتلەق بولۇش، ئۇنىڭدىن ھېچكىم گۇمان قىلماسلىق!
ھېرىپ چارچاپ ھالى قالمىغان ھىتلېر، شۇ كۈنى ئاخشىمى ۋىنىفرېد ۋاگنېر بىلەن بىرگە مىيۇنخېندىن ئايرىلىدۇ. ئۇ بىر قانچە دۇمباقچىسى بىلەن بىرگە ۋاگنېر خانىمىنىڭ ئۆيىدە بىر كېچە قونۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ بىناسى بەكلا مەخپى بولغاچقا، بالىلىرى ھىتلېرنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالغانلىقىدىن خېلى يىللار كېيىن ئاندىن خەۋەر تاپىدۇ.
ھىتلېر قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققان كۈنىنىڭ ئەتىسى گېرمانىيىدە ئىنتايىن چوڭ بىر سىياسىي ۋەقە يۈز بېرىدۇ. فرىيدېرىخ ئېبېرت ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان مەملىكەتلىك ئومۇمى سايلامدا، 78 ياشلىق ياشانغان قۇرۇغلۇق ئارمىيە مارىشالى ۋون ھىندېنبۇرگ رېسبوبلىكا ئىككىنچى پىرىزدېنتى بولۇپ سايلىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئوڭچى قەھرىمان جۇمھۇرىيەتكە قىلچىمۇ قىزغىنلىقى يوق بىرسى ئىدى. ئۇ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بىتەرەپلىكنى ساقلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن باشقا، جۇمھۇرىيەت كۈچىنى كۈچەيتىش جەھەتتە قىلچىمۇ كۈچ چىقارمايدۇ. ھۆكۈمەت كابىنتىدىكى كىرىزىس زادىلا تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بۇ تۈر بوھرانلارنى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار پەيدا قىلماقتا ئىدى. مەسىلەن، كونسىرىۋاتىپلار خوخېنزوللېرنلار جەمەتى ئۈچۈن يوقىرى مىقداردا تۆلەم تۆلەش تەكلىۋىنى سۇنغاندا سوتسىيالىزمچىلار تەرەپنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۈچ كېلىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي بۇ تەكلىپ بەرىبىر ماقۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىنلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان خان جەمەتى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەش ھەققىدىكى يېڭى بىر قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم سوتسىيالىزمچىلار بۇ قانۇننى ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىپ ماقۇللاش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي بۇ قانۇنمۇ ماقۇللىنىدۇ. ھەتتا گېرمانىيە دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگى قانداق بولىشى كېرەك دېگەن مەسىلىمۇ ئىچكى كابىنىت بوھرانىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ تۈر ئۇششاق ئىشلار، باش مىنىستىر خانس لۇتېرنى ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇرلاش دەرىجىسىگىچە بېرىپ يەتكەن ئىدى.
دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت يۈزلىنىشى ھىتلېرنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۈچەيتىپ بېرىدىغان يېڭى تۈرتكە بولىشىنى توسقىلى بولمايدىغان تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقاندەكلا كۆرۈنمەكتە ئىدى.209 ئەمما ھىتلېرنىڭ پىۋىخانا سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قايتىپ كېلىشى بەكلا تۇيۇقسىز، غالىبىيىتىمۇ بەكلا چوڭ بولغاچقا باۋارىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا زادىلا چىداشلىق بېرەلمەيدۇ. بۇ ئەھۋال ھىتلېرنىڭ سۆز قابىلىيىتىنىڭ باۋارىيە شىتاتى ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىر تەھدىت ھالغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. ھىتلېر پارتىيىسىگە يېپ-يېڭى جانلىنىش ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ھەرىكەتنى بەكلا تېز، بەكلا ھەددىدىن ئاشۇرۇپ باشلىۋەتكەن ئىدى. بۇنداق بىر ئەھۋالدا، باۋارىيە شىتاتلىق ساقچى ئىدارىسى ھىتلېرنىڭ بۈرگېربراۋ پىۋىخانىسىدا “ھاللىق سىنىپلارنىڭ ئەقىدىلىرى بويىچە ئەمەس بەلكى جەسەتلەرنىڭ ئۈستىنى چەيلەپ بولسىمۇ ماركسىزم بىلەن يەھۇدىيلارغا قارشى كۈرەش قىلىمىز” دېگەندەك گەپلىرى ئارقىلىق خەلقنى كۈشكۈرتتى دېگەننى باھانە قىلىپ، مارتنىڭ بېشىدا ئېچىلىدىغان 5 قېتىملىق مىتىنگتە نۇتۇق سۆزلىشىنى چەكلىۋىتىدۇ.
ھىتلېر بۇ چەكلىمىگە بىۋاستە نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. “بىز بىلەن ئېلىشماقچى بولغانلار قېنى كېلىپ سىناپ كۆرسۇن. — دەيدۇ ھىتلېر ساقچى ئەمەلدارىغا، — كىمدە-كىم بىزگە ھۇجۇم قىلىدىكەن ئۇنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىمىز. مەن گېرمانىيە خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلماقتىمەن. بۇ جەرياندا تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن مەقسەتكە يېتەلمىسەم قۇراللىق كۈچتىن پايدىلىنىمەن، ئەمما بۇ ئىشتا چوقۇم غەلبە قىلىشىمىز كېرەك. مەن بۇ گېپىمنى ئوتتۇرلۇقتا ھەر تۈرلۈك قۇرۇق گەپلەرنىڭ سىرتتا تارقىلىپ يۈرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ ئالدىدا ئالاھىدە تەكىتلەپ ئوچۇق ئېيتىپ قويماقچىمەن.” بۇ گەپلەرنىڭ قەسەم بېرىپ تۈرمىدىن قويىۋېتىلگەن بىرسىنىڭ ئاغزىدىن چىققانلىقىغا ھەرگىزمۇ سەل قارىغىلى بولمايتتى. نەتىجىدە، پۈتكۈل باۋارىيىدە ھىتلېرنىڭ نۇتۇق سۆزلىشى پۈتۈنلەي چەكلىنىدىغان بولىدۇ. ئاشكارە ناتسىستلار مىتىنگلىرىنىڭ تەشكىللىنىشىگە رۇخسەت، ئەمما فۈھرېر نۇتۇق سۆزلىمەكچىلا بولىدىكەن قەتئىي رۇخسەت يوق ئىدى. ئۇزۇنغا قالماي بۇ چەكلەش بۇيرۇقى پۈتۈن گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىغىچە يېيىلىشقا باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھىتلېرنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي قۇرالى تارتىپ ئېلىنغان ئىدى. ئامال يوق، نۇتۇق سورۇنىنى چوڭ باي قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە يۆتكەشكە مەجبۇر بولىدۇ. خېينىز خاۋشوفېرنىڭ ئەسلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا — ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى ميۇنخېندىكى بىر سالونغا ئاپارغان ئىدى — ھىتلېر سۆز قىلغان ۋاقتىدا خۇددى خان تاج سىرىك سەھنىسىگە چىققاندەك كۆرۈنەتتى. ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ سالونلاردا ئۇ سىرىكچىلەردەك ئۆرە تۇرۇماي ئولتۇرۇپ سۆزلەيتتى. “قورقۇنۇچلۇق، … ئۇ جان-جەھلى بىلەن ۋارقىراپ، قوللىرىنى شىلتىپ سۆزلەپ كېتەتتى. ھېچكىم ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلمەيتتى. ئۇ توختىماي سۆزلەيتتى، خۇددى پاتىپونغا ئوخشاش گېپى ئۈزۈلمەيتتى. ئۇ سۆزگە بىرلا كىرىشتىمۇ، بولدى، بىر ياكى بىر يېرىم سائەت تىنماي سۆزلەيتتى. ئۇ سۆزلەۋىرىپ ھېرىپ ھالىدىن كەتكىنىدىلا گېپىنى توختىتاتتى. … ئۇ سۆزىنى ئاخرلاشتۇرغىنىدا ھېرىپ ھاسىراپ كېتەتتى. ئۇنىڭ گېپى تۈگىشى بىلەن خۇددى ئادەتتىكى كىشىلەردەك بەكلا مۇلايىم بىرسىگە ئايلىنىپ قالاتتى. … گويا بايا سۆزلىگەن ئادەم بۇ ئەمەستەك، پۈتۈنلەي  باشقا بىرسىگە ئايلىنىپ قالغاندەكلا بىلىنەتتى. بۇ ئۆزگىرىش  شۇنچە تىز ئوتتۇرىغا چىقاتتىكى، يېڭىلا باشقا بىر تۈستە كۆرۈنگەن بۇ ئادەم شۇنچە تىز باشقىلا بىرسى بولۇپ كۆرۈنەتتى.”
بۇ چەكلەش بۇيرۇقى سەۋەبىدىن، ھىتلېرنى پۈتۈن زىھنىنى پارتىيىنى قايتىدىن تەشكىللەپ چىقىش ئىشىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇ، خۇددى بۈرگېربراۋكېللېردىكى ۋاقىتلىرىدەك ھېرىپ چارچىشىغا قارىماي كەينى-كەينىدىن يىغىنلارغا قاتنىشىپ، كىشىلەرگە تىنماي نەسىھەتلەر بېرىدۇ. ئۇ ئاساسى قاتلام خىزمىتىدىكى ئۇستىلىقىنى ئىشقا سالاتتى، يەنى ئەرلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ سالاملىشىش، ئاياللارغا دۈچ كەلگىنىدە ئۇلارنىڭ قولىنى سۈيۈپ قويۇش، سانسىزلىغان كىشىلەر بىلەن مۇڭدىشىپ چىقىشتىەك چارىلىرىنى ئىشقا سالاتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئادەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى خۇددى ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈردە ئىشقا ئاشۇراتتى ھەمدە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئېسسېر بىلەن جۇلىئۇس سترېيچېرلەرمۇ ھىتلېرنىڭ بۇ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ باۋارىيىنى بىر باشتىن ئايلىنىپ يۈرۈپ تەشكىلاتلارنى فۈھرېرىنىڭ ئەتىراپىغا توپلايدۇ.
مارت ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ھىتلېر ئاساسەن ئالغاندا ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پۈتۈنلەي تېزگىنلەپ بولىدۇ. ئەمما شىمالى گېرمانىيىدە ئۇ پارتىيىنىڭ تەغدىرىنى گرېگور بىلەن ئوتتو ستراسسېرلەرنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. گرېگور ھەقىقەتەنمۇ ماھىر تەشكىلاتچى، شۇنىڭدەك تالانتلىق ناتىق ئىدى. ئۇ بىر پارلامېنت ۋەكىلى بولغاچقا، پويىزلاردا ھەقسىز ساياھەت قىلالايتتى. بۈرگېلبراۋكېللېر پىۋىخانىسىدا كىشىلەر قەلبىنى جۇشتۇرىدىغان بىر نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، ئۇ ھىتلېرغا سادىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ. ئەمما ئوتتو، ئىستىقباللىق ياش مۇخپىر بولغىنى بىلەن ئۆز پىكىرىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. ئۇ، ھىتلېر بىلەن “نىكا كۈنلىرى” نىڭ، يەنى ئۇنىڭ بىلەن بۇ يېقىنلىقىنىڭ قانچىلىك داۋام قىلالىشىنى بىلمەيتتى.
ھىتلېر تۈرمىگە قامالغان ۋاقىتلىرىدىكىدەك ئېھتىياتلىق بىلەن ئىش تۇتۇپ، ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلىنىشقا تىرىشاتتى.210 شۇنىڭدەك ئۇ، بۇ پۇرسەتنىمۇ ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىدۇ. ھىتلېر ئىش ئۆنۈمى ئىنتايىن يوقىرى، ئەمما تۈزۈك داڭق چىقىرىپ كەتمىگەن ئىككى نەپەر پارتىيە خىزمەتچىسىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ پارتىيە ئورگانلىرىنى ئىنتايىن پۇختا بىر شەكىلدە قۇرۇپ چىقىۋالىدۇ. بۇ ئىككى ياردەمچىسىدىن بىرسى فىلىپ بۇھلېر بولۇپ، يەنە بىرسى فرانز كساۋېر شۋارز ئىدى. بۇھلېرنىڭ چىرايى خۇددى مۈشۈك يۇپىلاقنىڭ ــ يەنى ھۇقۇشنىڭ نەق ئۆزىلا بولۇپ، ھىتلېرغا گەپ قىلغىنىدا ئاۋال چوقۇم ئىگىلىپ تازىم كەلتۈرەتتى. گەرچە ئۇ پارتىيىنىڭ ئىجرائىيە كاتىبى بولسىمۇ، خىزمىتىنىڭ بەكلا زىغىرلىنىپ كېتىشىدىن ئىچى پۇشاتتى. بۇرۇن ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە كاسسىر بولۇپ خىزمەت قىلغان شۋارز بولسا، بۈگۈنكى كۈندە پارتىيىنىڭ مالىيەسىنى قولىدا تۇتقان بۇغالتىر ئىدى. ئۇ ئىشقا كىرىشكىنىدە خۇددى ھېساپ ماشىنىسىدەك ئىشلەيتتى. يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ئىنچىكىلىك بىلەن ھېساپ-كىتاب قىلىپ كېتەتتى. بۇ ئىككى كىشى فۈھرېرگە پۈتۈنلەي سادىق كىشىلەر بولۇپ، پارتىيىنىڭ كام بولسا بولمايدىغان ئادەملىرىگە ئايلىنىدۇ.
بۇھلېر بىلەن شۋارز پارتىيىنىڭ ئىچكى تەشكىلىنى ئىنتايىن رەتلىك، ئىش ئۆنۈمى يوقىرى ھالغا كەلتۈرگەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ھىتلېرمۇ پۈتۈن زىھنىنى پارتىيىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي ستىراتىگىيىسىنى تەتقىق قىلىش، ماقالىلار يېزىش ھەمدە شىمالى گېرمانىيە تەرەپلەرگە سەپەر قىلىپ پارتىيىنىڭ مەخپى يىغىنلىرىغا بىۋاستە قاتنىشىش قاتارىدىكى پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇ يەنە بۇزۇلغان دوستلۇقلارنى ئوڭشاش ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتالايدىغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ جاھىل ئۇنسۇرلارنىڭ كاللىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ دۈشمەنلەشكەن تەرەپلەرنى تېزگىنىگە ئېلىپ گېپىدىن چىقماس قىلىش، شۇنىڭدەك شەخسى ئىشلىرىنىمۇ ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرالايدىغان پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۇ يەنە روزېنبېرگنىڭ قايتىدىن نەشرى قىلىنىشقا باشلىغان «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتىدىكى مەسئۇل تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنىمۇ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ھەمدە روزېنبېرگكە خەت يېزىپ ئۇنىڭ جاسارىتىنى مەدىھلەيدۇ: “سەن ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ قىممەتلىك ھەمكارلاشقۇچىسەن” دەپ ماختايدۇ.
يەنە بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ھىتلېر يەنە بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان بىر ئىشتىن، ئۇنى ئاۋىستىريىگە قوغلاپ چىقىرىش مەسىلىسىدىنمۇ قۇتۇلۇپ قالىدۇ. يەنى ئۇ، لىنز دائىرىلىرىگە ئۇدۇللا قىلىپ “مەن بۇندىن كېيىن گېرمانىيە پۇخراسى بولماقچىمەن، شۇڭا مېنى ئاۋسترىيە گراژدانلىقىدىن چىقىرىۋېتىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن” دەپ خەت يازغان ئىدى. ئارىدىن 3 كۈن ئۆتكەندە، يوقىرى ئاۋسترىيە ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا بىر پارچە كۆچمەنلىك ئۇختۇرۇش قەغىزى ئىۋەرتىپ بېرىدۇ. بۇ ئۇختۇرۇشتا “ھىتلېرنىڭ ئاۋسترىيە دۆلىتىگە ساداقەت كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى” دەپ ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ھىتلېر يەتتە يېرىم شىللىڭ پۇل خەجلەپلا چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋىپىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇ تا شۇ كۈنلەرگىچە گېرمانىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتمىگەنلىكى سەۋەبىدىن سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقى يوق ئىدى. دۆلەت ئورگانلىرىدا بىرەر ۋەزىپىنىمۇ ئۈستىگە ئالالمايتتى. ئەمما ئۇ، لازىم بولغىنىدا بۇ مەسىلىنىمۇ ئاسانلا ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددى مەسىلىلەردىن بىرسى، بويرۇقىغا پەرۋا قىلماي ئۆز بېشىغا قارار قىلىپ ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەن كاپىتان رۆمنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ئىدى. رۆم باشتىن تارتىپلا ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنى ھىتلېرنىڭ سىياسىي قۇرالى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىش ئورنىغا بۇ قوشۇننى ئۆزىنىڭ شەخسى قوشۇنى ھالىغا كەلتۈرىۋېلىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ يۈرمەكتە ئىدى. فۈھرېرى تۈرمىدە ياتقان ۋاقىتلاردا، ئۇ ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يىغىپ باشقىدىن “ئاۋانگارتلار جەمئىيىتى” دېگەن بىر تەشكىلات تۈزۈپ چىقىۋالغان ئىدى. رۆم، ئەگەر “ئاۋانگارتلار جەمئىيىتى” نى پارتىيىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە تۇتۇپ تۇرغىنىدا قوزغىلاڭدىن بۇيانقى بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا، رۆم 16-ئاپرېل كۈنى ھىتلېرغا بىر پارچە مېمېراندوم سۇنىدۇ. رۆم بۇ مېمېلاندومىدا 30 مىڭ كىشىلىك بۇ “ئاۋانگارتلار جەمئىيىتى” نى مەملىكەت بويىچە سىياسىي تەشكىلاتنىڭ ئاساسى قىلىنىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇ تەشكىلات چوقۇم رۆمنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكى ئاستىدا بولىشى كېرەك دەپ كۆرسىتىلىش بىلەن بىرگە يەنە، بۇرۇنقى دوستلۇقىنىڭ يۈزىنى قىلىپ ھىتلېرغا ساداقەت قەسىمى بېرىلىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلىدۇ.
ھىتلېر، ئۆزى تېزگىنىدە تۇتالمايدىغان بىر تەشكىلاتقا تايىنىمەن دېيىشنىڭ بېشىغا نەقەدەر ئېغىر بالا بولىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ياخشى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ، يېڭى ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قولىدىكى بىر قۇرال ھالىغا كەلتۈرۈش قارارىغا كېلىپ “ئاۋانگارتلار جەمئىيىتى” دىن دەرھال ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.211 رۆم بۇ تەلەپكە قارىتا ھىتلېرغا قاپ يۈرەكلىك بىلەن بېسىم ئىشلىتىپ، “ئاۋانگارتلار جەمئىيىتى” دىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ھەققىدە ئىستىپانامىسىنى سۇنىدۇ. شۇنىڭدەك ھىتلېردىن ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەققىدە يازما ئېتراپنامە يېزىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
رۆم بىر مەزگىل كۈتۈپ بېقىپ، ھىتلېرنىڭ جاۋابىنى كۈتشكە تاقەت قىلالماي 30-ئاپرېلدا ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم خەت يازىدۇ. “بىزنىڭ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن كۆڭۈللۈك ۋە جاپالىق كۈنلىرىمىزنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن، — دەپ يازىدۇ ئۇ خېتىنىڭ ئاخىرىدا، — بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىزنىڭ يولداشلارچە كۆڭلىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن، ھەمدە مېنى شەخسى دوستلىقىڭىزنىڭ سىرتىدا قالدۇرماسلىقىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن.” بۇ قېتىممۇ ھىتلېرنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن رۆم ئەتىسى رەسمى ئىستىپا بېرىپ سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ھىتلېر جىم تۇرىۋېلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ رۆمنى پارتىيىسىز ھالىغا كېلىشى ئۈچۈن مەجبۇرلاپ، ئاخىرى “ئاۋانگارتلار جەمئىيىتى” دىنمۇ چىقىپ كېتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزى خالىغىنىچە غايىسى بويىچە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق يېڭى بىر ھۇجۇمچىلار ئەترىتى قۇرۇپ چىقىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرىۋالىدۇ.
بۇ ئەھۋالدىن رۆم بەكلا ھەيران قالىدۇ، روھى ھالىتىمۇ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. لۈدېكنىڭ ئېيتىشىدىن قارىغاندا، ئۇ چاغدا رۆم ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق غۇدىراپ يۈرگەن. “گەرچە ئۇ ھەر دائىم بىزنىڭ پىكىرىمىز بويىچە ئىش قىلىپ، بىزلەرگىمۇ ئوچۇق چىراي مۇئامىلە قىلىپ يۈرسىمۇ، بىر ئىش قىلغىنىدا خۇددى پۈتۈن ئىشلارنى ئۇنىڭ ئۆزىلا پىلانلىغاندەك، ئۆزىلا كەشىپ قىلغان ئىشلاردەك قىياپەتتە يۈرەتتى. مەن، باشقىلارنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەيدىغان بۇنداق بىرسىنى پەقەتلا كۆرمىگەن ئىكەنمەن. بۇ كىشى دائىم ئىككىلىنىپلا يۈرىدىغان، كېسىپ ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى بولمىغان، بىرەر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقىپ قالسا ئىشنى يىغىشتۇرىۋالغىلى بولمىغىدەك دەرىجىگە كەلتۈرۈپ قويىدىغان، ئەھۋال ئېغىرلاشقىنىدا ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردىلا ئاندىن تۇيۇقسىز قارار بېرىدىغان بىر مىجەزى بار ئىدى. بۇنىڭ سەۋىبى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئۇنىڭ پىكىر يۈرگۈزگىنىدەك، نۇتۇقلىرىدىكىدەك ئۇنچىلىك ئېنىق، مەنتىقىلىق بولالماسلىقى ئىدى. … ھىتلېر بىرەر ئىش قىلغىنىدا ئۆزى خالىغىنىچە ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر بىرەرسىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا دۈچ كەلگىدەك بولسا، ئۇنىڭ پىكىرى ھەر قانچە يوللۇق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بەرىبىر ۋارقىراپ جارقىراپ خاپا بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنى قانچىلىك زىرىكتۈرىۋېتىدىغانلىقىدىن قىلچە خەۋىرى يوق، شۇنىڭدەك ئۇ ئۆزىنى ئالداپ يۈرگەنلىكىنى، ئەتىراپىدىكى تەخسىكەشلەرنىمۇ ئالداپ يۈرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇغىنىسى، بۇ دۇنيادا نوقسانسىز ئادەم تېپىلمايدىغانلىقىمۇ راس. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغ ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىرسى. روشەنكى، ھېچكىم ئۇنىڭچىلىك ياخشى ئىشلىيەلمەيدۇ.” ھېچ نېمىگە ئەرزىمەيدىغان بىر ئون بېشىنى كەڭ قۇرساقلىق بىلەن ئۆز كۆرۈپ سىەنلەپ گەپ قىلىدىغان رۆم، ھىتلېرغا قاتتىق قائىل بولۇش بىلەن پەقەتلا كۆزگە ئىلماسلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل باھا بېرىش ئارىسىدا داۋالغۇپ يۈرەتتى.

2
شۇ يىلى كۈزدە، ھىتلېرنىڭ ئارزۇلىرىدىن ھېچ بولمىغاندا ئىككىسى ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. بۇلاردىن بىرسى، ئۇ بەكلا ئارزۇلاپ كەلگەن قىزىل رەڭلىك بىر يېڭى مەرسەدېس بېنچقا ئېرىشكەن بولۇپ، ھىتلېر بۇ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ جان جىگەر ئاغىنىلىرى بىلەن بىرلىكتە باۋارىيىنىڭ يېزا-سەھرالىرىدا نۇرغۇنلىغان كۆڭۈللۈك كۈنلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. يەنە بىرسى بولسا، ھىتلېر تاغلىق كەنت بېرچتېسگادېندا قوشۇمچە شىتاپتىن بىرنى قۇرىۋالىدۇ. ئۇ ھەر دائىم مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان يەرلەردە مېڭىسىنى سەگىتىپ قايتىدىن روھى كۈچكە تولغان ھالغا كېلىپ قايتاتتى. ئاددى تۇرمۇش ئۇنى بەكلا قىزىقتۇراتتى. شۇڭا ئۇ پات-پاتلا قىسقا خۇرۇم ئىشتىنىنى كىيىۋېلىپ دالالارنى ئايلىنىپ چىقاتتى. “ئۇزۇن ئىشتانلىق يۈرۈش ھەقىقەتەنمۇ ئازاپلىق بىر ئىش. شۇڭا ئۇ بۇرۇندىن تارتىپلا نۆلدىن تۆۋەن 10 گرادۇسلۇق سوغۇق كۈنلەردىمۇ دائىم دېگىدەك قىسقا خۇرۇم ئىشتىنىنى كىيىپ ئايلىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. بۇنداق قىسقا ئىشتان ھەقىقەتەنمۇ كىشىگە تەسۋىرلىگۈسىز ئاراملىق بېرەتتى.”
دەسلىۋىدە، ھىتلېر “مورىتز قونالغۇسى” (ئوبېرسالزبۇرگتىكى بىر مىھمانكۈتۈش) نىڭ كىچىك بىر ئېغىزلىق ئۆيدە تۇرغان ئىدى. بۇ ئۆي ئاساسلىق بىنانىڭ ئۈستىدە ئىدى. بۇ تېپ-تىنچ مۇھىتتا يېزىۋاتقان ئەسىرىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنى يېزىپ پۈتتۈرىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق “ئاۋازغا ئالغۇچى” سى ئۇنىڭغا شەخسى كاتىپ بولۇپ بەرگەن ھېس ئىدى (ئۇنىڭغا ئېيىغا 3 يۈز مارك ئايلىق بېرەتتى). شۇنىڭدەك يەنە ئۇ باشماقالە يېزىش ۋاقتىلىرىدا تۇلا بەك يەھۇدىي دۈشمىنى ھېسابلانمايدىغان  پوپ ھەمدە سابىق مۇھەررىر بولغان بېمھالدېر ستېمپفىل بىلەن خانفىستايىنگىللاردىن ياردەم ئالاتتى.212 خانفىستايىنگىل ھەر دائىم ئۇنىڭ ماقالىسىدىكى “ئەڭ” دېگەن سۆزلەرنى ئېلىپ تاشلايتتى. ئۇ، كۈچىنىڭ بېرىچە ھىتلېرنى ھېس بىلەن روزېنبېرگ قاتارىدىكىكىشىلەرنىڭ “يەرلىك كۆزقاراشلىرىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش” قا تىرىشاتتى. شۇنداقتىمۇ، ھىتلېرمۇ ھەر دائىم ئۇنىڭ ئۆچۈرۈپ تاشلىغانلىرىنى قايتا ئورنىغا يېزىۋېلىپ خانفىستانگىلنىڭ داتلىنىپ يۈرۈشلىرىگە پەرۋا قىلمايتتى. “سەن دۇنيانى بىر ئايلىنىپ چىقىشىڭ شەرت. — دەيتتى خانفىستانگىل، — بولمىسا ئۆزەڭنىڭ دۇنيا قارىشىنى تىكلىيەلمەيسەن.” ئۇ ھىتلېرنى نۇتۇق سۆزلەشكە رۇخسەت قىلىنمايۋاتقان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چەتكە چىقىپ بىر ئايلىنىپ كەلسەڭ بولاتتى دەپ مەسلىھەت بېرىدۇ: “3~4 ئاي ۋاقت سەرىپ قىلساڭلا ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيىلەرنى ئايلىنىپ كېلەلەيتتىڭ.”
“ئەگەر مەن، دېگىنىڭدەك دۇنيا ساياھىتىگە چىقىپ كەتسەم بۇ ھەرىكىتىمىزدە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟” دەيتتى ھىتلېر. ئۇ تۈرمىدە ياتقان ۋاقىتلىرىدا پارتىيە تەشكىلى ھەر تەرەپكە توزۇپ كەتكەنلىكىنى، مانا ئەندى بۇ بۆلۈنۈشلەرنى تۈگىتىپ پارتىيىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. خانفىستايىنگىل ئۇنىڭغا “سەن دۇنيا ساياھىتىدىن قايتىپ كەلگىنىڭدە كەلگۈسى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ يېڭى پىلانلار بىلەن قايتىپ كېلىشىڭ مۇمكىن” دەيتتى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ دېگەنلىرىمۇ ھىتلېرنى تەۋرىتەلمەيدۇ. “ۋاھ، نېمە دېگەن يېڭى گەپلەر بۇ دېگەنلىرىڭ! — دەيدۇ ھىتلېر ئۇنىڭغا جاۋابەن، _ ئويلاپ باق، مەن ئۇ يەردىكىلەردىن نېمىگە ئېرىشەلىەيتتىم؟ مەن نېمىشكە ئاۋارە بولۇپ باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۆگۈنگىدەكمەن؟ بەس، يېشىم ئۇنداق ئىشلارغا يار بەرمىگىدەك دەرىجىگە يەتتى. دېگەنلىرىڭ مېنى قىزىقتۇرمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقتىممۇ يوق!”
خانفىستايىنگىل ئۇنىڭغا ئېنگلىزچە ئۆگۈنىشىڭگە ياردەم قىلالايمەن، ئۆگۈنىۋالساڭ كېيىن ئەنگىلىيىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ گېزىتلىرىنى بىۋاستە ئوقۇيالايدىغان بولساڭ نېمە دېگەن ياخشى، چەتئەل ۋەزىيىتىدىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالساڭ نېمە يامىنى دەپ ئۇنى قىزىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باقىدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ھەرگىز رەت قىلمىسىمۇ تىل ئۆگۈنۈش ئۈچۈن زادىلا غەيرەت قىلالمايدۇ. ھەتتا بۇ جەھەتتە ھېلېنانىڭ گەپلىرىمۇ بارغانسىرى تەسىر قىلماس ھالغا كەلمەكتە ئىدى. ھېلېنا ھىتلېرغا ۋالىس ئۆگىنىۋالساڭ ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلىرىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق بولاتتى دەپ مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ، ھىتلېر ئۇنىڭ بۇ مەسلىھەتىنىمۇ رەت قىلىۋېتىدۇ. “ۋالىس، بىر سىياسەتچىگە پەقەتلا ماس كەلمەيدىغان ئويۇن!” بۇ گېپىگە قارىتا ئۇنىڭ يولدىشى خانفىستايىنگىل جاۋاب بېرىپ ۋاشېنگتون، ناپالىئون، بۈيۈك ئىمپىراتور فرېدېرىخ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا تانسىغا ئامىراق ئىدى دېسىمۇ، ھىتلېر يەنىلا ئۇنىماي، “ئاخماقانىلىق، ۋاقىت زايا قىلغانلىق! يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، ۋيېننالىقلارنىڭ ۋالىسلىرى بەكلا نازۇك، ئەرلەرگە پەقەتلا ماس كەلمەيدىكەن. بۇنداق تانسىلار ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىپ كېتىشىدە ئاز رول ئوينىمىدى، مەن ۋيېننانى يامان كۆرۈشۈمدىكى سەۋەبلەردىن بىرىمۇ ئۇلارنىڭ خوتۇن كىشىدەك غىلجىڭ تانسا ئويناشلىرى” دەيتتى.
ئەسلىدە ھىتلېر ھېلېنانىڭ مەسلىھەتىنى رەت قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۆتكەن يىلقى ئارچا بايرىمىدا ئۇنىڭغا ماقۇل بولمىغانلىقىدىن كەلگەن دېيىشكىمۇ بولاتتى. شۇندىن كېيىن ھىتلېر باشقا ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ كۆڭلىنى خوش قىلىش تەرىپىگە ئۆتىدۇ. بېرچتېسگادېندا ئۇ ئىجارىگە ئالغان ئۆينىڭ ئۇدۇلىدا رېيتېر ئاچا-سىڭىللار ئاچقان بىر گۈل-چىچەك دۇكىنى بار ئىدى (بېرچتېسگادېندا تۇرىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دېيىشىچە، رەسمى بىر “نوچى خوراز” غىلا ئوخشايتتىكەن). ئۇ ئاچا-سىڭىللارنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى ئاننى، يەنە بىرسىنىڭ بولسا مىتزى ئىدى. ھىتلېر بىر قېتىم مىتزىنى تانسىخانىغا بېرىپ ئويناپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغاندا، سەن مېنىڭ 16 ياشلىق سىڭلىمدىن 20 ياش چوڭ تۇرساڭ قانداق بولىدۇ دەپ ھەدىسى بولغان ئاننى سىڭلىسى مىتزىنىڭ ھىتلېر بىلەن بىرگە تانسىغا بېرىشىغا ئۇنىمايدۇ. ھىتلېر بۇ ئىشتىن كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ھىتلېر بۇ ئاچا-سىڭىل ئىككىسىنى بىرلىكتە پارتىيە يىغىنىغا تەكلىپ قىلىدۇ. خېلى يىللار ئۆتكەندە، مىتزى، ھىتلېرنىڭ بۇنداق ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب، ئۆزىنى مىتزىرىم دەپ ئاتاپ، كۆزلىرىنى ئاپىسىنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىگە ئوخشاتقىنىدىن بولغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنى سۆيۈپ قويماقچىمۇ بولغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى؛ بۇندىن كېيىن ئىككىمىز كۆرۈشمەيلى دېگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ ئىككىسى كۆل بويىدا بىرلىكتە سەيلى قىلىپ يۈرگەنلىكى كۆرۈنىدۇ. دالدىراق بىر يەرگە كەلگەندە، ھىتلېر مىتزىنىڭ بىلىكىدىن ئىككى قوللاپ تۇتىۋېلىپ سۆيىۋالغان. مىتزى ئۇنىڭ “مەن سېنى مىجىپ سۈيىڭنى چىقىرىۋەتمىسەم” دېگەنلىكىنى، شۇ چاغدا ھىتلېرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق ھاياجانلىنىپ ئوت بولۇپ يېنىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي ئۇلار ئىككىسى ئاشنا بولۇپ يۈرىشىدۇ. مىتزى ئۇنىڭغا توي قىلايلى دەپ تەلەپ قىلسىمۇ، ھىتلېر ئۇنىڭغا ميۇنخېندىن بىر ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ بىرگە تۇرۇشقىلا ماقۇل بولىدۇ.
ۋىنىفرېد ۋاگنېر ئائىلىسىدە ھىتلېر ئارزۇلايدىغان ئاياللار تىپى باشقا بولۇپ،213 ئۇ ئۆيدە ھېچكىم ھىتلېردىن قۇسۇر چىقىرىشقا ئۇرۇنمايتتى. بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە ھىتلېر بىر قەھرىمان ئىدى. ھىتلېرمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا دۈشمەنلەر تەرىپىدىن سۈيىقەست قىلىپ يوقۇتۇشنىڭلا غېمىدا قالغان سىھىرلىك ئادەم رولىنى ئويناشقا تىرىشاتتى. شۇڭا ئۇ دائىم دېگىدەك يېرىم كېچىلەردە ئوغۇرلۇقچە ۋانفرېد داچىسىغا كىرىپ كېلەتتى. “گەرچە تۈن يېرىمىدىن ئاشقان بولسىمۇ ھىتلېر ھامىنى بالىلار ئۆيىگە كىرىپ بىزگە بېشىدىن ئۆتكەن قورقۇنۇچلۇق خېيىم-خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرىنى ھىكايە قىلىپ بېرەتتى. — دەيدۇ فرېدېلىند ۋاگنېر ئەسلىمىسىدە، — بىز ئۇنىڭ ھىكايىلىرىنى ئاڭلاپ قورققىنىمىزدىن قۇيقا چاچلىرىمىز تىك تۇرۇپ كېتەتتى. ئۇ بىزگە تاپانچىسىنى چىقىرىپ كۆرسىتەتتى. ئۇ يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى شەرت بولغان بۇ تاپانچا بەكلا كىچىك بىر تاپانچا بولۇپ، ئالقىنىغا سىغقىدەك كىچىك ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي بۇ تاپانچا يەنىلا 20 پاي ئوق يەيتتى.” ئاندىن ئۇ بالىلارغا كۆز قاپىقىدىكى ئىككى تاتۇقنى كۆرسىتىپ، “بۇ يارا ئىزى زەھەرلىك گاز ھۇجۇمىدىن قالغان يالداما” دەيدۇ.
ۋانفرېد داچىسىدىكىلەر ئۇنى “ۋولف” دەپلا چاقىرىشاتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ھىتلېرنى ياخشى كۆرەتتى. ھەتتا يات بىرسىنى كۆرسىلا قاۋاپ كېتىدىغان يېڭىدىن سېتىۋالغان بۆرى ئىتمۇ ئۇنىڭغا ئامراقلىق قىلاتتى. بولۇپمۇ كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى ھىتلېرگە ئامىراق ئىدى. “ئۇنىڭدا قانداقتۇ بىر سىھىرلىك جەلىپ قىلىش كۈچى باردەكلا ئىدى. … قىينالمايلا ئۇلارنى ئەتراپىغاتوپلىۋالالايتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىزلەرنىڭكىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدىغان بىر تۇرمۇش بولۇپ، بىزگە نىسبەتەن ئۇنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەنمۇ سىرلىق، خۇددى ھىكايىلاردىكىدەك سىرلىق بىر ھايات ئىدى.”
18-ئىيۇل كۈنى ئۇنىڭ يازغان كىتاۋىنىڭ بىرىنچى قىسمى ئاخېرى نەشرىياتچىلىرى تەرىپىدىن ميۇنخېندا نەشرى قىلىنىدۇ. ئاماننىڭ تەكلىۋى بويىچە ئەسلىدىكى بەكلا ئۇزۇن بولغان كىتاب ئىسمى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش «كۈرەش يولۇم» دەپ ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. كىتاب ھەقىقەتەنمۇ ياخشى سېتىلىدۇ. 1925-يىلىنىڭ يىل ئاخىرغىچە يۈز مىڭ نۇسخا سېتىلىدۇ. ئەمما بۇ كىتاب نەشرى قىلىنىش كۈنلىرىدە ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا كىتابنىڭ يېزىلىشى بەكلا چۇۋالچاق، بەكلا ئاددى، رىياللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇنىڭدەك ھادىسىلەر ھەددىدىن ئارتۇق مۇبالىغىلەشتۈرىۋېتىلگەن، كىشى ئوقۇسا خۇددى سىياسىي پۇرىقى كۈچلۈك بولغان خراتىئو ئالگېرنىڭ رومانىغىلا ئوخشايدىكەن، ھەتتا كىتابنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى بولغان “ھېسابلىشىش” دېگىنىمۇ رومان ئىسمىغا ئوخشاپ قالغان دېگەندەك نۇرغۇنلىغان تەنقىتلەرگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، ياش بىرسىنىڭ ئۆز سىياسىي ئەقىدىسىنى بىرىنچى شەخس بايان شەكلى بويىچە تەپسىلى بايان  قىلىپ چىققانلىقى (گەرچە ئۆزى ئۈچۈن بولسىمۇ)، كىتابخاننىڭ گېرمانىيىدە ئومۇمى يۈزلۈك كېڭىيىۋاتقان خەلق ھەرىكىتى دولقۇنىنى كۈزىتەلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە زور ياردىمى بولىدۇ.
ھىتلېر تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن پارتىيىنىڭ سىياسىي ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ يەھۇدىيلارغا قارشى ھاقارەتلىرى بىر مەزگىل تۇيۇلماي قالغان ئىدى. بۇ كىتاب، بۇ تۈردىكى ھېسسىياتلارنى ئىپادىلەش يوللىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ مەسىلىنى يەپ-يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتىرىۋېتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن سىياسىي ھاياتىنىڭ يەھۇدىيلارغا بولغان ئۆچمەنلىك، ئۇلاردىن يىرگىنىش ئاساسىغا شەكىللەنگەنلىكىنى قىلچە يوشۇرماستىن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ پاسېۋالك گوسپىتالىدا ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن بابنىڭ ئاخىرىدا يەھۇدىيلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “… كەسكىن بىر جاۋاب بېرىشكە توغرا كەلسە، يەھۇدىيلار بىلەن ھەرگىزمۇ كېلىشىم تۈزگىلى بولمايدۇ. ئۇلار بىلەن سۆزلىشىمەن دېمەي، بىر بولسا ھەممىگە ماقۇللا دېيىش يا بولمىسا ھەممىنى رەت قىلىشتىن بىرسىنى تاللىۋېلىشلا كېرەك. … مەنمۇ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ سىياسىي پائالىيەت بىلەن شوغۇللىنىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم.” ئەگەر ئۇ سىياسەت سەھنىسىگە چىقىپلا ئالىدىكەن، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى رەھىمسىز ئۇسۇللار بىلەن يەھۇدىيلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بولىدىكەن. ئۇ بۇنى تەڭرىنىڭ نامىدا ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. “شۇڭا، مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، مېنىڭ يەھۇدىيلارنى تارمار كەلتۈرۈش پائالىيىتىم پۈتۈنلەي ياراتقۇچىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، قىلماقچى بولغىنىم تەڭرىنىڭ كۈتكەن ئىشى.” گېرمانىيىدىكى ئىرقچىلىق، ئارمىيە ئىچىدە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، «كۈرەش يولۇم» نىڭ بەزى باب-پاراگرافلىرى ئارمىيە ئىچىدىكىلەرنىڭمۇ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن، بۇ كىتابنىڭ ئاپتورىمۇ ئىچكى-تاشقى دۈشمەنلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ سىموۋۇلىغا ئايلانغان ئىدى.

3
ھىتلېر، گرېگور ستراسسېرغا شىمالىي گېرمانىيە تەۋەلىرىدە ناتسىستلار پارتىيىسىنى تەشكىللەشكە تولۇق ھوقۇق بېرىلىشى بەكلا خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. ئەگەر ستراسسېر شىمالدا قانچىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەت ئېلىپ بارالىسا شۇنچە خەتەرلىك سىياسىي رەقىپتىن بىرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.214 گەرچە ستراسسېرمۇ يەھۇدىيلارغا قارشى بىرسى بولغىنى بىلەن ئەكسىيەتچى بىرىمۇ ھېسابلانمايتتى. ئۇنىڭ سىياسىي كۆزقارىشى تا ئوسۋالد سپېنگلېر بىلەن ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئالدىنقى سەپ سوتسيالىزمىغا ئۇزانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەقىدىسىنىڭ ئاساسى پرولىتارىيات داھىيسى چوقۇم ھەربىلىكتىن ئىبارەت ئوتتۇرا يولدا تۇرغان بولىشى كېرەك دەيدىغان پىرىنسىنپقا ئاساسلىناتتى. ئۇ ئەسلىدە ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ سول قانىتىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. بۇ تەرىپى، ئۇنى ئىنقىلابى كۈچلەرنى قايتا تەشكىللەش جەھەتتە ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ ئىپادىلىنىشىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇ قاۋۇل، مۇلايىم، ئاممىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكىمۇ ماھىر، شەخسىلەرنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بىرسى ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، شۇ يىلىنىڭ ياز ئايلىرى ئاخىرلىرىدا ئۇنىڭ ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن جانلىنىش ۋەزىيىتى ھىتلېرنىڭ كۈتكىنىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن ئىدى. بەزى جايلاردا ياچىكا سانى بىر ھەسسە كۆپەيتىلگەن، ھەتتا يەنە بەزى يەرلەردە ئىككى ھەسسىدەك كۆپەيتىلگەن ئىدى. بۇ ئىشلارنىڭ كۆپ قىسمى ستراسسېرنىڭ ميۇنخېندىكى مۇستەبىت رەھبەرلەرنىڭ تېزگىنلىشىگە بوي سۇنماي ئىشچىلار سىنىپىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش ئىقتىدارىدىن كەلگەن دېيىش مۇمكىن.
سىنتەبىرنىڭ باشلىرىدا، جەنۇبتىكىلەرگە قارشى كۈرەش ھاگېندا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيە يىغىنىدا ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ يىغىننى گرېگور ستراسسېر چاقىرغان بولۇپ، مەقسەد، جەنۇب بىلەن شىمالنى بىرلەشتۈرۈپ ميۇنخېندىكى بيروكرات ھاكىمىيەتكە قارشى قويۇش ئىدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن فۈھرېرنى ئەكسىيەتچى باۋارىيە مەسلىھەتچىلەر قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ گېرمانىيىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش، گېرمانىيىنى مەڭگۈگە ئىنقىلابى خەلق دۆلىتى ھالىغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىشاتتى. يىغىندا ستراسسېر ئوتتۇرىغا قويغان پروگرامما ماقۇللىنىدۇ. ۋەكىللەر تەشكىلى ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىدا ئۈنۈملۈك ئىش قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىشى ئۈچۈن بىرلىشىشنى قوللاپ ئاۋاز بېرىدۇ. ۋەكىللەر يەنە مىللى بولشېۋىكچىلىككە ئۇيغۇن ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان پروگراممىلارنى ئىزاھلايدىغان بىر قاتار ماقالىلارنى بېسىپ تارقىتىشنىمۇ بىرلىكتە تەستىقلايدۇ. بۇ ماتېرىياللارنىڭ تەھرىرلىكىنى جوزېف گيوبېلس دېگەن 29 ياشلىق تالانتلىق بىر ياش ئۈستىگە ئالىدۇ. گيوبېلس، بەكلا تەرتىپسىز ئىش قىلىدىغان ھىملېرنىڭ ئورنىغا ستراسسېرنىڭ كاتىبى قىلىپ كەلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ كىشى 5 غېرىچتەكلا بويى بار پاكار بىرسى بولۇپ، ئېغىرلىقىمۇ 50 كىلوگرامغا يەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ كىشى كىچىكىدە بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغاچقا بەكلا ئۇرۇق، بىر پۇتىمۇ مايماق دەسسەيتتى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ ھەر تۈرلۈك ئالاھىدە قابىلىيەتلىرى بار بىرسى بولغىنى، قەلىمى ئىنتايىن راۋان ئىدى؛ گەرچە ئۇنىڭ ۋۇجۇدى بەكلا ئاجىز، سالاپىتى يوق بولغىنى بىلەن سەھنىگە چىقىۋالسا ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغىنى يوق ئىدى: ئوتتۇرا ئاۋاز، ئىپادىلەش كۈچى ئۈستۈن قول ھەرىكىتى، كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلارلىق قارا كۆزلۈك بىرسى.
گيوبېلس، رېيىن دەرياسى بويىدىكى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇششاق بۇرجۇئازىيە سىنىپىغا تەۋە بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ئائىلىسىدىن ياكى چېركاۋدىن كەلگەن بولماستىن بەلكى ئىلمىي ساھەدىن كەلگەن دېيىش مۇمكىن ئىدى. يەنى ئۇنىڭ خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئورۇن ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، بۇ مەكتەپ، ئۇرۇشتىن كېيىن غايىسىدىن ئايرىلغان نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان بىر ئۇنىۋېرسىتېت  ئىدى. ئۇنىڭ بىر پۇتى مايماق بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەسكەرلىكتىن كېچىرىم قىلىنغان، ئەمما ئۇنىڭ چوقۇنىدىغان قەھرىمانى بولسا گەۋدىلىك، قابىلىيەتلىك بىرسى بولغان رىچارد فلىسگېس ئىدى. بۇ كىشى بىر تىنچلىقپەرۋەر، شۇنىڭدەك ئانارخىست بىرسى ئىدى. ئۇنىڭ گيوبېلسقا سىڭدۈرگەن غايىسى گيوبېلسنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. فلىسگېس يەنە گيوبېلسنى دوستويېۋسكىغىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويغان ئىدى. دوستويېۋسكىنىڭ بىلگىلى بولماسلىق دۇنيا قارىشى ياش گيوبېلسقا بەكلا كۈچلۈك ئىلھام بولغان ئىدى.
گيوبېلسنى كېيىن ھېيدېلبېرگقا يۆتكەيدۇ. 1921-يىلى، پەلسەپە دوكتورلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇ جايدىن ئايرىلىدۇ. شۇندىن كېيىنكى بىر قانچە يىل جەريانىدا ئۇ «مېخائېل» دېگەن تەرجىمىھال خاراكتېرلىق بىر رومان، بىر قانچە تىياتىر ئەسىرى ۋە نۇرغۇنلىغان لىرىك شىئېرلارنى يېزىپ ئېلان قىلىدۇ. تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن بانكىدا خىزمەتچى، كولوگن پايچەك بازىرىدا نازارەتچى، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى ھەمدە ئىشتىن سىرت قىرائەتخانا باشقۇرغۇچىسى قاتارىدىكى ئىشلار بىلەنمۇ شوغۇللىنىدۇ. گيوبېلس بۇنداق توختام سۇدەك تۇرمۇش ئېقىنى ئىچىدە لەيلەپ يۈرگەن كۈنلىرىدە، ماركسىزمنىڭ ئىنتېرناتسيونالىزمىگە ئۆچ بولغانلىقى سەۋەبىدىن فلىسگېس بىلەن يولىنى ئايرىيدۇ. كېيىن خەلق سوتسىيالىزمى يولىغا كىرگىنىدىن كېيىن، ھىتلېردىن (ئۇ بىزنىڭ ئىتىقادىمىزنىڭ ۋە غايىمىزنىڭ سىموۋۇلى ئىكەن دەپ) چوقۇنۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان يەنە بىر فلىسگېس روھىنى تېپىۋالىدۇ.215 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە گرېگور ستراسسېر بىلەن قىزغىن مۇناسىۋەت قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى يۈز ئۆرۈش ۋە ساداقەت مىجەزلىرىنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋېتى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنىمۇ بەلگىلەيدۇ.
ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىكى بۇ تۈر ئىككى ھاڭ ئوتتۇرىسىدا داۋالغۇش، ئۇنىڭدىكى ئىدىيىۋى كۈرەشنى تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر ھالغا كەلتۈرىدۇ. گيوبېلس، نۇرغۇن جەھەتلەردە يەنىلا بىر ئىنقىلابچى ھېسابلىناتتى. ئۇ، كوممۇنىستلارنى مىللى سوتسىيالىزم تەرىپىگە تارتىپ كېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. ئۇ، بىر خىل نەزەرىيە، بىر خىل كۆۋرۈك يارىتىپ چىقىش ئىرادىسىگە كەلگەن ئىدى: “ئۇلارنى سول قاناتتىن ئوڭ قاناتقا تارتىپ كېلىپ، ئۆزىنى پىدا قىلىشقا تەييار خەلقى تەرەپكە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك” دەيتتى. ئۇمۇ خۇددى گرېگور ستراسسېرغا ئوخشاش، پارتىيە مۇتلەق تۈردە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ھىمايە قىلىشى، بولۇپمۇ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان بولىشى كېرەك دەپ قارايتتى. ھىتلېر بىلەن گيوبېلسنىڭ ئاساسلىق زىدىيىتى مانا شۇ مەسىلىدە روي بەرگەن ئىدى. گيوبېلس، كېيىنكى قېتىم شىمالغا يۈرۈش قىلغاندا ھىتلېرغا تەسىر كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. يەنى ئۇنىڭغا كومپارتىيە بىلەن ناتسىستلارنىڭ بىردىن-بىر پەرقى — كوممۇنىستلارنىڭ ئىنتېرناتسيونالىزمنى يولغا قويماقچى بولىشىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرمەكچى بولىدۇ.
4-نويابىردا، ئاخىرىقى ھېساپتا ھىتلېر بىلەن گيوبېلس ئىككىسى براۋنشۋېگتا ئۇچرىشىدۇ. ھىتلېر گيوبېلسكە قول ئۇزارتىپ كۆرۈشىدۇ. بۇ قول ئېلىشىشتىن گيوبېلس چەكسىز خوشاللىق ھېس قىلىدۇ. “مەن ئۇنى تۇنجى كۆرۈشتىلا قەدىناس دوستلاردەك ھېس قىلغان ئىدىم، — دەپ يازىدۇ گيوبېلس كۈندىلىك خاتىرىسىگە، — ئۇنىڭ بىر جۈپ ھەقىق رەڭلىك كۆزى خۇددى يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇراتتى. ئۇ مېنىڭ بىلەن كۆرۈشكىنىدىن بەكلا خوشال ئىدى. مەن بۇنىڭدىن خۇددى جەننەتكە كىرىپ قالغاندەك خوشاللىق ھېس قىلدىم.” ئۇلارنىڭ بۇ تۇنجى كۆرۈشىشى گيوبېلسنىڭ كېيىن ھىتلېرغا چوقۇنۇشىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بولۇپ قالغان ئىدى. بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار ئىككىسى پلاۋېندا يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىدۇ. بۇ قېتىم گيوبېلسنىڭ چوقۇنىشى تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى. “مەن بەكلا خوشالمەن. ھىتلېر خۇددى كونا دوستلاردەك سالام قىلىپ مەندىن ئەھۋال سوراپ كەتتى. مەن ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى كۆردۈم.”
ئەمما گيوبېلس ئارىدىن بىر سوتكا ئۆتمەيلا شىمالدا ئاشكارە ھالدا پارتىيىنىڭ مەركىزى تەشكىلىگە خىيانەت قىلىدىغان بىر قېتىملىق يەرلىك مەسئۇل كادىرلار — گاۋلېيتېرس يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئەسلىدە ئۇنى شىمالغا ئىۋەرتىشتىكى مەقسەت، ستراسسېرغا ياردەملىشىپ پارتىيە پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىش ئارقىلىق فۈھرېرنى “ئەكسىيەتچى” ميۇنخېن گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ سولغا مايىللاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. بۇ پروگراممىدا يەرلەرنى يىغىۋېلىپ دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزىۋېلىش، چوڭ پومىشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى يېرى يوق دېھقانلارغا ھەقسىز بۆلۈپ بېرىش، ھەر قايسى شىركەتلەرنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئايلاندۇرۇش تەلەپ قىلىناتتى. بۇ پروگرامما 1926-يىلى 24-يانۋار دىن 25-يانۋار ئارىسىدا خانوۋەردە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مەسئۇل كادىرلار يىغىنىغا سۇنۇلىدۇ. ئۇ يىغىن بەكلا قاتتىق تالاش-تارتىش ئىچىدە ئۆتكەن بىر يىغىن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسلىقى ھىتلېرنىڭ ۋاكالىتچىسى گوتفرىيېد فەدېرنىڭ  گەۋدىلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى سەۋەپچى بولغان ئىدى. گيوبېلسنىڭ قارىشى بويىچە، فەدېر “كاپىتال بىلەن ئۆسۈمنىڭ قۇلى، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش قارىشىنى ئۇيدۇرغۇچى، يەنە كېلىپ ھەرىكەتنىڭ مۇھىم پروگرامما لايىھىچىسى” ھېسابلىناتتى. ستراسسېرنىڭ ئاكىسىنىڭ ئېيتىشىچە، يالغۇز روبېرت لېيدىن باشقا بۇ خىلدىكى يەرلىك مەسئۇل كادىرلار يېڭى پروگراممىنىڭ ھەر بىر باب-پاراگرافلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئاۋاز بېرىپ ماقۇللاپ چىققان. ھەممە نەرسىگە قارشى تۇرۇشنى ئادەت قىلىپ كەلگەن فەدېر ئەڭ ئاخىرىدا “مەيلى ھىتلېر بولسۇن ياكى مەن بولاي، بۇنداق بىر پروگراممىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمىز” دەيدۇ. يىغىندىكىلەر ئۇنىڭغا: “سەن بۇ يەردە پەقەتلا مېھمىنىمىز سۈپىتىدىكىلا بىر ئادەمسەن” دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي فەدېر يەنىلا ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرىۋالىدۇ. ئۇ، ھىتلېرنىڭ ماركسىزمچىلارنىڭ خان ئوردىسىنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش تەلىۋىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ “يەھۇدىيلارنىڭ بىر ئالدامچىلىقى” دەپ سۆزلەشكە باشلىشى بىلەن، كىشىلەر ۋارقىراشقىنىچە ئۇنى سەھنىدىن قوغلاپ چۈشىرىدۇ. بۇ چاغدا گيوبېلس دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ميۇنخېن رەھبەرلىك گۇرۇھىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇ سۆزلەپ كېلىپ، ئەگەر ھىتلېر بۇ گۇرۇھتىن ئالاقىسىنى ئۈزمەيدىكەن، ئۇنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك، دەيدۇ. بۇنداق بىر ئۇلتىماتومنىڭ تېخى يېقىندىلا ھىتلېرنى “بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم!” دېگەن بىرسىنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى ھەقىقەتەنمۇ بىر غەلىتە ئەھۋال ئىدى. بەلكىم گيوبېلىسنىڭ “ھىتلېرنى بەكلا ياخشى كۆرگەن” لىكىنىڭ نەتىجىسىدىن بولسا كېرەك، يەنى  ميۇنخېندىكى بىر ئۇچۇم بىيروكراتلار ھىتلېرنى ۋەيران بولۇش يولىغا باشلاپ كېتىۋاتىدۇ دەپ قاتتىق ئىشەنگەنلىكىدىن بولىشىمۇ مۇمكىن.
ھەر نېمە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر،216 فەدېرنىڭ بۇ قېتىمقى بۆلۈنۈشكە باشلاپ كەتكەن يىغىن توغرىلىق يازغان دوكلاتىنى كۆرگەن ھىتلېر ئاخىرى ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. بىر يەكشەنبىدە، يەنى 14-غېنىۋاردا ھىتلېر پارتىيىنىڭ مەسئۇل كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى بامبېرگقا يىغىدۇ. بۇ قېتىملىق مەخپى يىغىننىڭ سەھنىسىدە ئولتۇرغان شىماللىقلار ۋەكىللىرى بەكلا ئەنسىزلىك ئىچىدە ئىدى. سان جەھەتتە جەنوپلۇقلار مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە ئىدى. ھىتلېر سەھنىگە چىقىپ سۆزلەشكە باشلىشى بىلەن، پۈتۈن يىغىننىڭ ئېقىمى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ يولىغا كىرىدۇ. ئۇ بامبېرگقا كېلىشتىن ئاۋاللا بۇ يىغىن ھەققىدە تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىدى. ھىتلېر، بۈگۈن پارتىيە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلە بىلەن ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەتتى. شۇڭا، ھىتلېر نۇتقىنى باشلار-باشلىمايلا كەسكىن قىلىپ “مەن بۇ پارتىيىنىڭ داھىسى _ فۈھرېرىمەن، بۇ ھەرىكىتىمىزنىڭ يادروسىمەن. شۇنداق ئىكەن، ناتسىستلار پارتىيىسى ئىچىدە پارلامېنت تۈسىدىكى مۇنازىرىلەرگە ھەرگىز يول قويالمايمەن. بۇ يەردە قانداقتۇ دېموكراتىك يىغىن باسقۇچلىرى دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. پارتىيىدە تەرەپپاز گۇرۇھلارغا ئايرىلىۋېلىشقا قەتئىي رۇخسەت يوق. ھەر بىر يەرلىك مەسئۇل كادىر، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى پەقەت، ۋە پەقەت يالغۇز فۈھرېرگىلا ساداقىتىنى بىلدۈرىشى شەرت” دەپ كېسىپ ئېيتىدۇ.
يىغىن جەريانىدا ھىتلېر ستراسسېر بىلەن گيوبېلس ئىككىسى توغرىلىق بىر ئېغىزمۇ يامان گەپ قىلمايدۇ. ئۇ، باشقىچە پىكىردە بولغانلارغا زەربە بېرىدىغان ئۇنداق خاتا ئىشنى قىلمايدۇ. بەلكىم، ئۇنىڭ كۆڭلى تۇيغان بولىشىمۇ مۇمكىن، بۇ ئىككى كىشى ئۇنىڭغا سادىق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار پەقەتلا ھىتلېرنى سترېيچېر بىلەن ئېسسېر ئېقىمىدىكىلەردىن ئاجرىتىپ ئېلىشنىلا ئويلايدىغان بولىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ بامبېرگقا كېلىشتىكى مەقسىدى، ھەرگىزمۇ شىماللىق كادىرلارنى نۇمۇسقا قالدۇرۇش ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ مەقسىدى ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاشلا ئىدى. ئۇ سولچىلارنىڭ ئۆز گېپى بىلەن سولچىلارغا ئۇستىلىق بىلەن رەددىيە بېرىدۇ. ئاندىن زىدلىشىپ تۇرىۋاتقان ھەر ئىككىلا تەرەپكە ئورتاق نوقتىغا كېلىشتىن ئىبارەت يېڭى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ، پارتىيىنى سىياسىي چەمبەر ئىچىدىن ھالقىپ چىقىپ داھىغا چوقۇنىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھىتلېر، پارتىيىمىزنىڭ بۇرۇنقى پروگراممىسى “بىزنىڭ ئېتىقادىمىز بىلەن ئىدىيولوگىيىمىزنىڭ ئاساسى؛ ئۇنى ئۆزگەرتىش دېمەك، بىزنىڭ ئىدىيىمىزگە ئېتىقاد قىلغان قۇربانلىرىمىزغا خائىنلىق قىلغانلىق بولىدۇ” دەپ كۆرسىتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مىللى سوتسىيالىزمنى بىر تۈرلۈك دىن دەپ ئالغاندا، ھىتلېر ئۇنىڭ ئەيساسى ھېسابلىنىدۇ دېگەنلىك ئىدى. باش قۇماندانلىق شىتاب ئالدىدا كرىست دارىغا مىخلىنىپ ئۆلگەندىن كېيىن، لاندسبېرگ تۈرمىسىدىن قويىۋېتىلىپ قايتا تىرىلىپ چىققان ھىتلېر، بەلكىم قايتىدىن جانلىنىپ پارتىيە ۋە دۆلەتنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش نىشانىسى ئۈچۈن يىتەكچىلىك قىلماقتا ئىدى.
شىماللىق كادىرلار ھىتلېرنىڭ نۇتقىنىڭ بۇنچىۋالا ئۆتكۈر بولىشىنى پەقەتلا كۈتمىگەن بولغاچقا، ئۇلار نۇتۇقنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قېلىشىدۇ. گيوبېلس بامبېرگقا كېلىشتە ھىتلېرنى سولچىلار تەرىپىگە تارىتىپ كېلەلەيمەن دەپ ئويلىغان بولسا، مانا ئەندىلىكتە ئۇلارنىڭ مەيدانىنىمۇ قوللىمايدىغان، بۇ ھەقتە تالاش-تارتىشمۇ قىلمايدىغان بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، پارتىيىنىڭ داھىيسى مەسىلىسىدە ئۇنىڭ بىرلا خىل تاللاش ئىمكانى قالغان ئىدى: ھىتلېرنىڭ فۈھرېر بولىشىغا قارشى چىقىش ياكى ئۇنى قوبۇل قىلىش. ئەگەر ھىتلېرنى رەت قىلغىدەك بولسا، ئۇنداقتا پارتىيىنىڭ ئۆلىشى دېمەك بولاتتى. ستراسسېر بۇ ھەقتە قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا يىغىنچاق بىر جاۋاب بېرىدۇ: مەن مەغلۇپ بولدۇم! گيوبېلس بولسا، بىر قانچە ئېغىز شۇئار توۋلاشتىن باشقا ھېچ نېمە دېمىدى. ئەمما كۈندىلىك خاتىرىسىگە “كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى!” دەپ يازىدۇ.

ھىتلېر، بامبېرگدىكى يارىلارنىڭ ساقايتىلىشى پەقەتلا ۋاقىتقا باغلىق ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنەتتى. ئەمما پارتىيىسىمۇ شۇ چاغدىلا تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئىتتىپاقلىقىمۇ ئارتىپ بارالايتتى ۋا پارتىيىسى ئۈچۈن ياردەم توپلاش يولىغا چۈشەلىشى مۇمكىن ئىدى. فېۋرالنىڭ ئاخىرقى كۈنىسى، ھىتلېر، ئاممىۋى مىتىنگ ھېسابلانمايدىغانلىقى ئۈچۈن خامبۇرگدىكى داڭلىق “ئاتلانتىك ئوكيان مېھمانخانىسى” نىڭ “1919-يىل مىللەتچىلەر كلۇبى” دا نۇتۇق سۆزلەش ئۈچۈن رۇخسەت ئېلىۋالىدۇ. ھىتلېر ئۇ نۇتقىنى پارتىيىسىنىڭ ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرىغا ئەمەس بەلكى ئادەتتىكى گېرمانىيە پۇخرالىرىغا قارىتىدۇ. دېمەككى، ئۇ لاندسبېرگ تۈرمىسىدىكى ۋاقىتلىرىدا خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگۈنگەن ئىدى. ئۇ ئەندى خانلىق سىرىك تىياتىرىدىكىدەك نۇتۇق سۆزلەش ئۇسلۇبىنى تاشلاپ ئۆزىنى تۇتىۋالغان، رېتىملىق شەكىلدە سۆزلەشكە كىرىشىدۇ. ئۇ نۇتقىدا، گېرمانىيە دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى ماركسىزم؛ قىزىللار دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تارتىپ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان؛ ئۇلار بۈگۈنمۇ گېرمانىيىنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ھۈكۈمرانلىق قىلىپ كەلمەكتە دەپ سۆزلەييدۇ. ھىتلېر بىر سائەتكە قالمايلا زالدىكى بارلىق كىشىلەرنى قايىل قىلىپ ئۆزىگە قارىتىپ ئالغان ئىدى.217 بۇنىڭ ئۈچۈن ھاياجانلاندۇرۇش ياكى كۈشكۈرتۈش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلانماستىن بەلكى مەنتىقىدىن پايدىلىنىدۇ؛ ئىرقچىلىقتىن پايدىلانماستىن، ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن، ماددى بايلىقلاردىن ۋە گۈللىنىش ئۈستىدە سۆز قىلىشتىن پايدىلىنىدۇ.
ئەمما ئۇ، ماركسىزم ھەققىدە سۆزلەشكە باشلىشى ھامان سۆزلەش ئۇسلۇبىنى كەسكىنلەشتۈرىدۇ: “كۈرەش جەريانىدا، چوقۇم بىر تەرەپ باش ئېگىدۇ. يەنى بۇ كۈرەشتە ئەگەر ماركسىزم ئەمەلدىن قالمىغىنىدا بىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولىمىز. — ئۇ نۇتقىدا ئاممىۋى ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇش چاقىرىقى قىلىپ، قىزىللارغا قارشى رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم قىلىدۇ. ھىتلېر نۇتقىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: — خۇددى كىشىلەر زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرغىنىدەك بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەردىمۇ پەقەتلا خەلق ئاممىسىنىڭ مۇشتۇمىغىلا تايىنىشقا، قەتئى تۈردە شۇنداق ئۇسۇلغا تايىنىشقا مەجبۇرمىز. يەنى كىمنىڭ كاللىسى ئەڭ قاتتىق، كىمنىڭ ئىرادىسى ئەڭ مۇستەھكەم، كىمنىڭ غايىسى ئەڭ ئۇلۇغ بولىدىكەن غەلىبە شۇنىڭغا مەنسۈپ.” يۇقۇرى تەبىقىدىكى ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ سۆزلەر ھەزىم قىلىنىشى تەس بىر دۆۋە قاتتىق گۆشتەك بىلىنسىمۇ يەنىلا كۈچلۈك گۈلدۈرماما ئاۋازىدەك گۈلدۈراس ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.
ئۇ نۇتقىدا، غەلىبە قىلىمەن دەيدىكەنمىز، بۇ ھەرىكەتنى خۇددى ماركسىزمچىلارغا ئوخشاش كۈچلۈك قانات يايدۇرىشقا مەجبۇرمىز. “بۇنىڭدا قىلچە شەك يوق: بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، ئەگەر ماركسىزمچىلار غەلىبە قىلىپ قالغىدەك بولسا بىز چوقۇم ۋەيران قىلىنىپ يوق قىلىنىمىز. ھېچ كىم بۇنىڭدىن باشقا بىر ئاقىۋەتنى تاما قىلمىسۇن. ئەگەر بىز غەلىبە قىلىپ قالساق، بىزمۇ قىلچە رەھىم قىلماستىن ماركسىزمنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلايمىز. شۇڭا، ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە گېزىتىنى يىرتىپ تاشلىمىغىچە، ئەڭ ئاخىرقى بىر تەشكىلاتىنى پارچىلاپ تاشلىمىغىچە، ئەڭ ئاخىرقى بىر تەربىيىلىنىش مەركىزىنى تاقىۋەتمىگىچە، ئەڭ ئاخىرقى بىر ماركسىزمچىنى ئۆزگەرتىپ يېنىمىزغا تارتمىغىچە ياكى ئۇنى يوق قىلىۋەتمىگىچە ھەرىكىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ھەرگىز يانمايمىز! بىز ئۈچۈن ئوتتۇرا يول دەيدىغان بىر يول يوق!”
بۇ نۇتۇق ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل بىر نۇتۇق بولغان ئىدى. بۇ نۇتۇق شۇنى كۆرسەتتىكى، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتىكى كەسكىن ۋە قانۇنى كۈرەش جەريانىدا ھىتلېر ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك تەبىقىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىغا رەسمى كىرىشكەن ئىدى. شۇنىڭدەك، بامبېرگ يىغىنىنى چاقىرغان بولسىمۇ پارتىيىسىنى تېخى تولۇق تېزگىنلىيەلىدىم دەپ قارىمايتتى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىككى نەپەر يىتەكچىسىگە — گرېگور ستراسسېر بىلەن گيوبېلسقا زەربە بېرىدۇ. مارتنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ستراسسېر رەسمى ئەل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (گەرچە كۈچلۈك دەرىجىدە ئۆز پىكىرىدە قالغان بولسىمۇ): ئۇ، تارقىتىلغان يېڭى پروگراممىنى پۈتۈنلەي يىغىۋېلىش توغرىلىق ئۆز تەرەپتارلىرىغا ئۇختۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
ھىتلېر، ئاپرېلدا گيوبېلسنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ مەخسۇس ئايروپلان بىلەن ميۇنخېنغا ئۇچىدۇ. گيوبېلس ئىككى كۈن فۈھرېرنىڭ قىممەتلىك مېھمىنى بولۇپ كۈتىۋېلىنغاندىن كېيىن ھاياجانلانغىنىدىن كېچىچە كۆزىگە ئۇيقا كەلمەيدۇ. ئۈچىنىچى كۈنى، ھىتلېر ئۇنى باشلاپ پارتىيە باش شىتابىنى زىيارەت قىلدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم ئولتۇرۇپ ئۈچ سائەت سۆزلىشىدۇ (“قالتىس سۆزلىشىۋالدۇق!”). سۆزلىشىش جەريانىدا بامبېرگ يىغىنىنىڭ ھەر بىر قاراشلىرىنى قايتا بايان قىلىپ ئۆتىدۇ. گيوبېلس ئاڭلاپ بەكلا ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ گيۆبېلس قەدەممۇ-قەدەم ھىتلېر تەرىپىگە يېقىنلىشىپ بارىدۇ. ئاخىرى بىراقلا ئۇنىڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
مەن سۇئال قوياتتىم، ئۇ ئىنتايىن كېلىشتۈرۈپ جاۋاب بېرىپ تۇراتتى. مەن ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن. ئىجتىمائى مەسىلىلەردە قاراشلىرى بەكلا يېڭى بولۇپ، ھەممە ئىش ئۇنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. … ئۇ پۈتۈن جەھەتلەردە مېنى خاتىرجەم قىلدى. مەيلى قايسىلا مەسىلىدە بولمىسۇن، قايسى جەھەتتىكى ئىشلاردا بولمىسۇن ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر مەردانە يىگىتلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ شۇنچە ئوت يۈرەك بولىشى ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ داھىيىم بولۇشقا لايىق ئىدى. مەن ئۆزەمدىن ئۇلۇغ بىر كىشىگە، بىر سىياسىي تالانت ئىگىسىگە بويۇن ئەگدىم!
ھىتلېر، ئىنتايىن خوشال ھالدا ميۇنخېندىن ئايرىلىدۇ (“خەير-خوش ميۇنخېن! مەن سېنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن!”)، ئۇنى كەچۈرۈم قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنى ۋاقتىنچە لۇر رايونىغا پارتىيىنىڭ مەسئۇل ئەمەلدارى قىلىپ بەلگىلەيدۇ.

ھىتلېر، ستراسسېر بىلەن گيوبېلسنى ئەيۋەشكە كەلتۈرىۋالغاندىن كېيىن قايتا شىمالغا ئاتلىنىپ ئىقتىسادىي  ياردەم ئاختۇرۇشقا ۋە شىمالدىكى سولچىل پارتىيىلىكلەر ئارىسىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئىشىغا كىرىشىدۇ. «بىرىنچى ماي » بايرام كۈنىسى،218 شۋېرىندا ھامبۇرگنىڭ 60 چاقىرىم شەرقىدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىدە مەخپى تۈردە ئۇنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاشقا كەلگەنلەرگە بىر نۇتۇق سۆزلەيدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە، چوڭ زال ئالتونا، ھامبۇرگ، برېمېن، لۇبېك ۋە لۈنېبۇرگ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن مىللى سوتسىيالىزم پارتىيىسى ئەزالىرى بىلەن لىق تولغان ئىدى. «ھامبۇرگ خەۋەرلىرى» گېزىتى شۇ كۈنكى ئەھۋالنى خەۋەر قىلىپ، “ھىتلېر يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ ئۇ يەردە قۇلاقنى يارغۇدەك ناغرا-سۇناي ساداسى ياڭرىدى” دەپ يازىدۇ.
ھىتلېر بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن يېڭى ئۇسلۇبتا سەھنىدە قانداق تۇرۇش كېرەكلىكىنى مەشىق قىلغان ئىدى. مۈللېرن شۆنخاۋسىننىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا، بۇ تۇرۇش شەكلى ياۋروپادا كەلگۈسىنى پەرەز قىلغۇچى ئەڭ داڭلىق تاپقاق بولغان ئېرىك جان خانۇسسېن ئۆگۈتۈپ قويغان بىر ئۇسۇل ئىدى. ئۇنىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا، ھىتلېر بىلەن بۇ تاپقاق بېرلىندا داڭلىق ئېسىلزادە ئائىلىسىدە ئۇچۇرىشىپ كۆرۈشكەن ئىكەن. ئۇلار كۆرۈشكىنىدە خانۇسسېن دەرھال ئۇنىڭغا: “ئەگەر سىز راستىنلا سىياسىي ساھەگە كىرىشنى ئويلىغان ئىكەنسىز، ھىتلېر ئەپەندىم، ئۇ ھالدا سىز نېمە ئۈچۈن نۇتۇق سۆزلەش ئۇسۇلىنى ئۆگۈنىۋالمايسىز؟ — دەپ سورىغان. ئەسلىدە خانۇسېن بەدەن تىلى مۇتەخەسسىسى ئىدى. ئۇ ھىتلېرغا چۈشەندۈرۈپ، — سىز ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق سۆزىڭىزنى كۈچلەندۈرۈش جەھەتتە باش قاتۇرۇپ كۆرمەپسىز” دېگەن. يەنە شۇ مىلىيىن خانۇسسېننىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئىككىسى شۇندىن كېيىنكى بىر قانچە يىل جەريانىدا پات-پات كۆرۈشۈپ قىسقا ۋاقىت بىرگە بولىشىدىغان بولغان. خانۇسسېن ھىتلېرغا نۇتۇق سۆزلەشتىكى كەسىپى سىرلارنى ئۆگۈتۈش بىلەنلا قالماي يەنە ھەمرالىرىنى تاللاش يوللىرىنىمۇ ئۆگەتكەن. ئەمما ئۇ، تا 1932-يىلىنىڭ ئاخىرىدىلا تۇنجى قېتىم ھىتلېرغا پال سالغان ۋە شۇنىڭ بىلەن  ئۆزىمۇ جان ئۈزگەن.

4
1926-يىلى ئەتىيازدا، ھىتلېر ھەرىكەتنىڭ مەركىزى ميۇنخېندىكى يەرلىك پارتىيە تەشكىلاتى بولىشى، بۇ مەركەز پۈتۈن مەملىكەتتىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىشى شەرت دەيدىغان بىر پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھىتلېر ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ تزگىنىنى پۈتۈنلەي ئۆز قولىغا ئېلىۋالىدۇ. بۇ پىرىنسىپ 22-مايدا بۈرگېربراۋ پۈتۈن پارتىيىلىكلەر قۇرۇلتىيىدا ماقۇللىنىدۇ. بۇ يەردە ھەممىدىن ئۈستۈن فۈھرېر بولغان ھىتلېرغا بۇنداق بىر ھوقۇق بېرىلىدۇ: ئۇ ھەرقانداق بىر يەرلىك مەسئۇل كادىر ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك كادىرلىرىنى تاللاش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ يەنە كېلىپ بارلىق دېموكراتىك جەريانلارنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، فۈھرېر پىرىنسىپىغا قىلچە سۈرۈشتە قىلماي بوي سۇنۇش دېگەندىن دېرەك بېرەتتى. ھىتلېر، ھەر ئېھتىمالغا قارشى بۇرۇنقى پارتىيە پروگراممىسىدىكى 25 ماددىنىڭ قەتئىي ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرىدۇ. شۇندىن باشلاپ ئۆز مەقسىدىگە يېتىپ خاتىرجەم ھالدا پارتىيىنىڭ ئىدىيولوگىيىسىنى يالغۇز ئۆزىلا بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان ھالغا كېلىۋالىدۇ.
گيوبېلس كۆڭلىدە پۈتۈنلەي ھىتلېر تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، كۆرۈنۈشتە يەنىلا ستراسسېرغا ساداقىتىنى كۆرسىتىپ يۈرمەكتە ئىدى. ستراسسېرنى ھازىرغىچە فۈھرېردىن گۇمانلىنىپ يۈرىدۇ دەپ قارايتتى. 10-ئىيۇندا، گيوبېلس كۈندىلىك خاتىرە دەپتىرىگە مۇنۇلارنى يازىدۇ:  ئەگەر ھىتلېر داۋاملىق تۈردە مۇتلەق مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالالايدىغانلا بولىدىكەن، مەنمۇ ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە بېرلىنگە يۈرۈش قىلىشنى قوبۇل قىلالىشىم مۇمكىن. ئەمما ئارىدىن ئىككى كۈنمۇ ئۆتمەي ھەر قانداق بىر تەكلىپ كەلسە ماقۇل دەيمەن دەپ ئۆزگىرەپ قاپتۇ. “ئۇ كۈنلەردە مەن قۇرۇق ئۈمىدلەر بىلەن يۈرەلمەيتتىم. بۈگۈن، ھەر قانداق بىر ئىش ئۇنىڭ قارارى بويىچە يۈرگۈزۈلمەكتە. شۇنداق بولغىنىدا، ئۇ مېنى راستىنلا كېرەك قىلارمۇ؟” ئەمما ئۇلار ئىككىسى يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكىنىدە گيوبېلس ئىنتايىن خوشال ھالدا قەھرىمانلارغا چوقۇنۇش تۇيغۇسى ئىچىدە ئايرىلىدۇ.
ھىتلېرنى بەرىبىر سۈيۈملۈك بىر يولداش دەپ قارايمەن. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ مەرت يىگىت بولۇپ، كىشى ئۇنى ياخشى كۆرمەي مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىتلېردىكى تەڭداشسىز ئىدىيىنىمۇ قوشۇپ قارىسام ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ سۆيمەي تۇرالمايمەن. ئۇنىڭ ئۆتكۈر كاللىسىدىن ھەر دائىم يېڭى نەرسىلەر ئېتىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايسەن. ئۇ بىر ناتىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىھىرلىق قول ئىشارەت ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن، تىل ماھارىتىنى گارمونىك ماسلاشتۇرىشى نەتىجىسىدە ھەقىقەتەنمۇ تالانتلىق بىر ناتىق بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ تۇغما تالانتلىق قوزغاتقۇچى! ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلساڭ چوقۇم دۇنياغا خوجا بولالايسەن. ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرەلىسەڭ چىرىگەن جۇمھۇرىيەتنى تۈپ يىلتىزىدىن تەۋرىتىۋىتىدۇ. ئۇنىڭ تۈنۈگۈن سۆزلىگەن قالتىس قەسەم سۆزى:219 “كۈرىشىمىزدە تەڭرى بىزنى ساقلايدۇ. ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ گۈزەل سوۋغىسى بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىزگە بولغان ئۆچمەنلىكىمىزدۇر. شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ دۈشمەنلىرىمىزگە پۈتۈن قەلبىمىز بىلەن ئۆچمەنلىك قىلىشىمىز كېرەك.”
ھىتلېر، ئىيۇلدا ۋېيماردا چاقىرىلغان پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا دۈشمەنلىشىپ يۈرگەن بارلىق تەرەپلەرنى ئۆزئارا ياراشتۇرىۋەتتى. يىغىننى بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت، تۇرىنگىئانىڭ ھىتلېرغا ئاشكارە نۇتۇق سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنغان ئاز ساندىكى شىتاتلاردىن بىرى بولغانلىقى ئىدى. ئۇ نۇتقىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۆنى (4-ئىيۇل) سۆزلىگەن بولۇپ، نۇتقى سىياسىي پۇراقتىن كۆرە ھېسسىياتقا باي بىر نۇتۇق بولغان ئىدى. “چوڭقۇر مەنىلىك بولۇش بىلەن بىرگە ھەقىقەتەنمۇ سىھىرلىك بىر نۇتۇق بولغان ئىدى. — دەپ يازىدۇ گيوبېلس خاتىرىسىگە، — ئۇنىڭ سۆزلىرى خۇددى ئىنجىلنىڭ سۆزلىرىدەك قىممەتلىك ئىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن بىرگە دائىم قورقۇپ تەمتىرەپلا يۈرىدىغان ۋەھىمىلىك دەۋرلەردىن ئۆتىۋالالىدۇق. ئۇنىڭ سۆزلىرى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. ماڭا مۇشۇنداق بىر نوچى يىگىت بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن تەڭرىگە شۈكرى دەيمەن!” ھىتلېر سەھنىدىن ئايرىلىۋاتقىنىدا ئالقىش سادالىرى قۇلاقنى ياراتتى، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى مىنۇتلارچە ياڭراپ تۇردى. ئاندىن ھىتلېر ئۇچىسىغا بەك يارىشىپ كەتمىگەن ھەربى كىيىمىنى كىيىپ، كۆچەي تېڭىلغان پۇتلىرى بىلەن ئاتلىغىنىچە بېرزىنتلىق پىكاپنىڭ كەينىگە چىقىپ 3500 نەپەر ھۇجۇمچىلار ئەترىتى ئەزالىرىنى — گيوبېلس ھاياجانلانغان ھالدا بۇ ساننى 15 مىڭ نەپەر دەپ ئاشۇرۇپ يازىدۇ — كۆزدىن كۆچۈرىدۇ. ئېس-ئاچىلار ئوڭ بىلىكىنى ئۇزارتىپ بىلەك سالىمى بىېرىپ دېگەندەك رەتلىك بولمىغان قەدەملەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدۇ.
گەرچە كىشىلەرنىڭ غەزىۋى تېخى بېسىلمىغان، ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزا سانى تېخى 40 مىڭغا يەتمىگەن بولىشىغا قارىماي، بۇ قېتىمقى خاتىرلەشكە ئەرزىيدىغان ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ شەكىلدە يېپىلغانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ يەنىلا يېتەرلىك دەرىجىدە داغ-دۇغىلىق ئۆتتى دېيىشكە بولاتتى. بۇ كۈنلەردە ئادەم سانى ھىتلېرنى بەك ئەنسىرىتىپ كەتمەيتتى. گېرمانىيىدە، بۇ كۈنلەردە ناتسىستلار پارتىيىسى ئەڭ كىچىك سىياسىي پارتىيىلەردىن بىرى بولغىنى بىلەن، بۇ قوشۇن ھەقىقەتەنمۇ بىر پولات مۇشتۇم، ھىتلېرغىلا تەۋە بىر پولات مۇشتۇم ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھىتلېر بېرچتېسگادېنغا قايتىپ ئۇ يەردە بىر تەرەپتىن «كۈرەش يولۇم» نىڭ ئىككىنچى قىسمىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن پارتىيە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن غەيرەت قىلىدۇ: ئۇ ۋېيماردا ئېيتقان ئەپسۇنىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تولۇق تىزگىنىدە تۇتالىشىغا تەسىر كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلاتتى.
ھىتلېر بۇ تۈردىكى ئىشلارغا بىرسىنى تەكلىپ قىلپ ئىشلىتىشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ: بۇ كىشى دەل جوزېف گيوبېلس ئىدى. ھىتلېر تاغ ئارىسىدىكى ئۇۋىسىغا بېرىپ تۇرىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا گيوبېلس كېلىپ ئۇنى يوقلىغان، بۇ جەرياندىمۇ ھىتلېرغا بولغان ھەيرانلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ: “ئۇ بىر سەبى بالىغىلا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، يۇۋاش، ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان كۆرۈنەتتى؛ شۇنىڭدەك مۈشۈككە ئوخشاش قۇۋ، ئەقىللىق، چەبدەس ئىدى؛ يەنە شۇنىڭدەك خۇددى بىر شىرغا ئوخشاش ھۈركىرەپ تۇرىدىغان، قۇدرەتلىك، ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. يەنە شۇنىڭدەك بىر سەپداش سۈپىتىدە ھەقىقەتەنمۇ مەرت كۆرۈنەتتى.” 25-ئىيۇل كۈنى، يەنى بېرچتېسگادېندىن ئايرىلىدىغان كۈنىدە ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق بۇرۇلۇش ياساش ۋاقتى كەلگەن ئىدى. “خەير-خوش مېنىڭ ئوبېرسالزبۇرگىم! دەپ يازىدۇ گيوبېلس شۇ كۈنى ئاخشىمى كۈندىلىك خاتىرىسىگە، — بۇ كۈنلەر مېنىڭ يولۇمدىىكى ھەل قىلغۇچ قەدەم تاشلىغان كۈنۈم بولۇپ قالدى. چاقناپ تۇرغان بىر يۇلتۇز مېنى ئازاب دېڭىزى ئىچىدىن قۇتقۇزۇپ چىقاردى! مەن ئەندى مەڭگۈ ئۇنىڭغا تەۋە بىرىمەن. مېنىڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇقۇشماسلىقلارمۇ تولۇق يېشىلىپ كەتتى. گېرمانىيە چوقۇم ياشايدۇ، ياشىسۇن — خايىل ھىتلېر!”
ھىتلېر ئۇنى تەقەززار قىلىپ ئىككى ئاي ساقلاتقان ئىدى. كېيىن بېرلىنغا ئىۋەرتىلىدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولغىنىدا، گيوبېلس قاتتىق ھاياجان ئىچىدە “ئاخىرى بېكىتىلدىم — ۋەزىپەم بېرلىن! ياشىسۇن!” دەپ يازىدۇ خاتىرىسىگە. ئادولف ھىتلېر ئۈچۈنمۇ بۇ ئىشنى بىر ھېسابتا كىچىك بولسىمۇ بىر ئۇتۇق دېيىشكە بولاتتى. مۇنداق قارىماققا، ستراسسېرنى پارتىيىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك تەشكىلىگە ئېلىپ كىرىپ ھىتلېر ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ ياراشقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ستراسسېردىكى قابىلىيەت بىلەن ئۇنىڭدا بولغا كۈچ بەرىبىر فۈھرېر ئۈچۈن يۇشۇرۇن تەھدىت ئىدى. ستراسسېرنىڭ بېرلىندا شىتابى يوق؛ گيوبېلسنىڭ بېرلىنغا تەيىنلىنىشى، ئەمەلىيەتتە ھىتلېرنىڭ ستراسسېرنىڭ بۇرۇنقى سادىق كاتىۋىنى ئۇنىڭغا رىقابەتچى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئىدى.
7-نويابىردا، گيوبېلس بېرلىنغا قاراپ يولغا چىقىپ ھوقۇق يولىدا ئىلگىرلەشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسىدۇ. مەيلى شەخسى تۇرمۇشىدا بولسۇن ياكى سىياسىي جەھەتتە بولسۇن، گيوبېلس يېڭى بىر ھايات يولىدا ئىلگىرلەشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئېلسە ئىسىملىك بىر قىز بىلەن توي قىلىش ۋەدىسىدىن يېنىۋالىدۇ.220 بۇرۇن بۇ قىز بىلەن بولغان مۇھەببەتلىك سەرگۈزەشتىلىرى بەكلا بوران-چاپقۇنلۇق ئۆتكەن ئىدى. مىللى سوتسىيالىزم پارتىيىسىنىڭ ساماسىدا بارغانسىرى يوقىرى ئۆرلەپ كېتىۋاتقان بۇ يېڭى يۇلتۇز، قانداقمۇ يېرىم يەھۇدىي بىر قىز بىلەن جۈپلىشەلىشى ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىر ياستۇققا باش قويالىشى مۇمكىن؟
شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگىنىدە پارتىيە ئەزا سانى ئاساسەن 50 مىڭ كىشىگە يېقىنلاشتى دەپ مۆلچەرلەنمەكتە ئىدى. رۇدولف ھېس كاتىپ، فرانز كساۋېر شۋارز مال-مۆلۈك باشقۇرغۇچىسى، بوۋھلېر كاتىۋات باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن پارتىيە ئىجرائىيە ئورگىنىنىڭ ئىش ئۈنۈمى ھەقىقەتەنمۇ يوقىرى ئىدى (بۇ ۋاقىتلاردىكى پارتىيە ئەزا سانى بەك ئېنىق ئەمەس بولۇپ، شۋارز پارتىيە ئەزا سانىنى مەخسۇس رەت نومۇرى بويىچە جەدۋەللەشتۈرگەن بولۇپ، پارتىيىدىن چېكىنگەن ياكى پارتىيىدىن چىقىرىلغانلار سەۋەبىدىن كامايغان رەقەملەر بەكلا تۇتۇق ئىدى — ئا. ھ. ئى). ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە يەرلىك مەسئۇل كادىرلار بىلەن باشقا رەھبىرى كادىرلارمۇ تىنماي كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاپ تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، بارلىق پارتىيە ئەزالىق بەدىلىنى تولۇق مەركەزگە يوللاپ تۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى. پارتىيىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنىدا دەسلىۋىدە ئاران 3 ئاپتوموبىل ۋە 25 نەپەر خىزمەتچىلا بار ئىدى، مانا ئەندى بۇ ئورگان تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت ھالىغا كەلمەكتە ئىدى. بۇ ئورگاندا تاشقى ئىشلار بىيروسى، ئەمگەك-ئىشچىلار بىيروسى، سانائەت بىيروسى، يېزائىگىلىك بىيروسى، ئىقتىسادىي بىيرو، ئىچكى ئىشلار بىيروسى، ئەدىلىيە بىيروسى، پەن-تېخنىكا بىيروسى ۋە ئاخبارات بىيروسى قاتارىدىكى بۆلۈملەر ئېچىلغان ئىدى. پارتىيىنىڭ ياردەمچى تەشكىلاتلىرىمۇ قۇرۇلغان ياكى قۇرۇلۇش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان ئىدى. يەنى ھىتلېر ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئوقۇتقۇچىلار بىرلەشمىسى، ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى ۋە شۇنىڭدەك دوختۇرلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ياردەمچى تەشكىلاتلار قۇرۇلغان ئىدى.
پارتىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم تايانچ كۈچى يەنىلا ھۇجۇمچىلار ئەترىتى — SA ھېسابلىناتتى. ۋېيمار ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە يەنە 8 تارماق ئەترەت كۆپەيتىلگەن، بۇلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېس-ئاچىلار ئەترىتى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ھالىغا كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، فۈھرېرنىڭ بىۋاستە قۇماندانلىقى ئاستىدا يەرلىك ياكى رايونلۇق ھۇجۇمچىلار ئەترەتلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا پائالىيەت قىلىش ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى. ھىتلېر ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق يېڭى سىياسىيتىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن “تۇغما تەشكىلاتچى” ھەمدە قاتتىق ئىنتىزامچان دەپ تونۇلغان فرانز فېففېر ۋون سولوموننى قانۇنلۇق دەپ تونۇلغان بۇ قۇرالسىز تەشكىلات ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ تاللىۋالىدۇ. “ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنى باشتىن تارتىپلا ھېچقانداق مەخپىيەتلىكى بولمىغان ئاشكارە بىر تەشكىلات خاراكتېرىگە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى يۇشۇرۇپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. — دەيدۇ ھىتلېر، فېففېرغا يازغان خېتىدە، — بۇ تەشكىلاتنى ئۇچۇق-ئاشكارە ھەرىكەت قىلىپ يۈرەلەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ ئۇنى بىر مەخپى تەشكىلات ئىكەن دەيدىغان ھەر تۈرلۈك پىتنە-پاساتلاردىن ساقلىشىمىز كېرەك. … شۇنداق بولغىنىدا، بۈگۈن بىزنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىمىزنىڭ قايسى بىر ئىجتىمائى گۇرۇھنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىق ھەرىكىتى ئىكەن دېيىشىنىڭ ئالدىنى ئالالىشىمىز مۇمكىن. بۇ بىر دۇنياۋى خاراكتېرىدىكى ئۇلۇغ بىر ھەرىكەت، بۇ ھەرىكەتنى ماركسىزم بىلەن ئۇنىڭ ئورگانلىرى ۋە پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ پىلان كۆرسىتىپ يۈرگەنلەرگە قارشى بىر مەيدان كۈرەش دەپ تونۇشىمىز كېرەك. بىز ھېچقاچان بىرەر-ئىككى يۈز نەپەر ساداقەتلىك بىلەن مەخپى سۈيىقەست پىلانلىغۇچىغا ھاجىتىمىز يوق. بىزگە لازىم بولغىنى، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان بىزنىڭ دۇنياۋى ئىشلىرىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئوت يۈرەك جەڭچىلەردۇر. … بىز چوقۇم ماركسىزمچىلارغا شۇنى تونۇتۇپ قويىشىمىز كېرەككى، كەلگۈسىدە كوچىلارغا ھۈكمۈرانلىق قىلىدىغانلار خۇددى ناتسىېستلار پارتىيىسىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم دۆلەتنىڭ غوجايىنىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئوخشاش مىللى سوتسىيالىزمچىلار بولۇپ قالىدۇ.” ئېس-ئاچىلارنىڭ رەسمى فورمىسى كارىشناۋاي كۆڭلەك، قوڭۇر گالىستۇك قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. بۇنداق رەڭدىكى كىيىمدىن پايدىنلىنىش پۈتۈنلەي پەۋقۇلئاددە توغرا كېلىپ قالغان بىر ئىش ئىدى. يەنى بۇنداق فورما ئەسلىدە گېرمانىيىنىڭ شەرقى ئافرىقىدىكى قوشۇنلىرى ئۈچۈن تىكتۈرۈلگەن كىيىم ئىدى. ئۇلارغا ئىشلىتىش پۇرسىتى بولمىغاچقا ئىسكىلاتلاردا بۇنداق كىيىملەر بەكلا نۇرغۇن بېسىلىپ قالغان ئىكەن. ئۇلارنى بەكلا ئەرزان باھادا كۆپلەپ سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتى بارلىقى ئۈچۈنلا بۇ تۈر كىيىم تاللانغان ئىدى.
1926-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا، «كۈرەش يولۇم» نىڭ ئىككىنچى قىسمى نەشرىدىن چىقىدۇ. بۇ تومنىڭ قوشۇمچە تېمىسى “مىللەتچى سوتسىيالىزم ھەرىكىتى” بولۇپ، پارتىيىنىڭ ميۇنخېن قوزغىلىڭى دا 25 ماددىلىق پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان كۈنىدىن بۇيانقى تارىخ ئاساس قىلىنىپ يېزىلغان ئىدى. ئۇ بىر ھېسابتا تەرجىمىھالغا قارىغاندا تارىخقا بەكرەك ئوخشاب كېتەتتى. ماكياۋېللىدىن بۇيان (1469~1527-يىللاردىكى ئىتالىيە سىياسىيونى ۋە يازغۇچىسى — ھاشىيە ئىزاھاتى) سىياسەت ھەققىدە بۇنىڭدەك قوللىنىشچان بىر سىياسىي تارىخ كىتاب ئوتتۇرىغا چىقىپ باقمىغان دېيىش مۇمكىن. ھىتلېرنىڭ تەشۋىقات ۋە تەشكىللەش كۆزقارىشى نوقتىسىدىن ئالغاندا، پەقەتلا كوچا جىدىلى قىلىدىغان سەۋىيەدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا راستىنلا كۈشكۈرتۈش قىممىتىگە ئىگە بىر ئەسەر ئىدى. ئۇنىڭ ئاممىۋى پسىخولوگىيە ئۈستىدىكى تەھلىللىرىدىن قارىغاندا، شۇندىن بىر قانچە يىل بۇرۇن گېرمانىيىدە نەشرى قىلىنغان فرېئۇدنىڭ «كوللېكتىۋ پسىخىكىسى ۋە ئۆزىنى ئۆزى ئانالىز» دېگەن كىتاۋىنى چوقۇم ئوقۇغان بولىشى كېرەك.221 “ئامما بەكلا ئاسان ئىشىنىپ قالىدۇ. — دەپ يازىدۇ فرېئۇد ئۇ كىتاۋىدا، — شۇنىڭدەك يەنە، ئۇلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىمۇ بەكلا ئاسان. ئاممىدا تەنقىدىي كۈچ بەكلا ئاز بولغاچقا، ئۇلاردا قارارغا كېلەلمەسلىك دەيدىغان مەسىلىمۇ مەۋجۇد ئەمەس. ئاممىۋى سەزگۈلەر ئادەتتە بەكلا ئاددى ياكى بەكلا ئاشۇرىۋېتىلگەن بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئامما بىرەر ئىشتىن گۇمانلىنىشنىڭ نېمىلىكىنى، قارارغا كېلەلمەسلىكنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلەلمەيدۇ.” (فرېئۇد — ئاۋسترىيىلىك داڭلىق پسىخولوگ، تا بۈگۈنگىچە مۇھىم پسىخولوگىيە ئېقىمى بولۇپ كېلىۋاتقان، ئەمما ئۇيغۇرلارغا ھېلىغىچە مەلۇم بولماي كېلىۋاتقان، پسىخوئانالىز تەلىماتىنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ رايونى دېگىنى بىلىنمىگەن تەپەككۈر رايونى پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. فرېئۇد ئەنە شۇ بىلىنمىگەن ئاڭ پائالىيەت رايونى تەھلىلى دەيدىغان ئۆزگىچە مەۋھۇم تەپەككۈر رايونىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا چىقارغان ئۆزگىچە پسىخولوگىيە ئېقىمىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئا. بوران تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىپ تور بەتلەرگە قويۇلىۋاتقان «فرېئۇد شەجەرىسى»، «فرېئۇد تەرجىمىھالى»، «فرېئۇد پسىخوئانالىز يېڭى لىكسىيىلىرى»  ۋە «ئۈچىنچى ئېقىم — ماسلوۋ پسىخولوگىيىسى» لەرگە قاراڭ  — ئۇ. ت) ۋىللىيام مىكدوۋگال بىلەن گۇستاۋ لې بون ئىككىسىمۇ ئىلگىرى بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ئىدى. قىزىق يېرى، ھىتلېر ۋيېننالىق بىر يەھۇدىي بولغان فرېئۇدتىن: ئەگەر ناتىق ئاممىنى تېزگىنىگە ئېلىشنى ئويلايدىكەن، چوقۇم “مۇبالىغىلەشتۈرىشى، ئوخشاش بىر قاراشنى قايتا-قايتا تەكرارلاشتا چىڭ تۇرىشى كېرەك” دېگەن تەلىماتىنى قوبۇل قىلىۋالغانلىقى ئىدى. فرېئۇدمۇ خەلق ئاممىسى “مەسىلىلەرگە كاجلىق بىلەن بىر تەرەپلىمە قاراشقا مائىل، ئەمما يەنىلا نوپۇزغا بوي سۇنىدۇ. … ئۇلار، قەھرىمانلاردىن كۈچ-قۇدرەت، ھەتتا زوراۋانلىقنى كۈتىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە بىرسىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ھۈكمۈرانلىق قىلىشىنى، ئېزىشىنى، خورلىشىنى ۋە خوجايىنىدىن قورقۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ” دەيدۇ. ھىتلېر ئۆز ۋەتەندىشى بولغان بىر يەھۇدىيدىن قوبۇل قىلغان نەرسىلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئالاھىدە تىپىك تەلىماتلار ھېسابلىناتتى. ھىتلېر، ۋەتەندىشى فرېئۇدنىڭ نەزەرىيەسى بىلەن ئەقىدىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇچلۇق بىر قۇرالغا ئېرىشكەن ئىدى.
ھىتلېرنىڭ بۇ كىتابىدىن مەلۇمكى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى تاشقى سىياسەت قاراشلىرىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋالغان ئىدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقان ۋاقىتلاردا، ھىتلېر فرانسىيىنى گېرمانىيىنىڭ ئاساسلىق دۈشمىنى دەپ تونۇيتتى. 1920-يىلى ئىيۇلدىكى بىر قېتىملىق نۇتقىدا ئۇ ھەتتا “يەھۇدىيلارنى يىغىشتۇرۇپ بولغان ھامان سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق تۈزىشىمىز كېرەك” دەپمۇ ئېيتقان ئىدى. بۇ گەپلەرنى قىلىپ ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ئىككىنچى قىسىمنىڭ كەينىدىن 2-بابىدا، ھىتلېر فرانسىيىنى ئاساسلىق دۈشمەن دەپ قاراشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن قايتا ئۇرۇش قىلىشقا پۈتۈنلەي قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ھىتلېر، ناتسېستلار پارتىيىسىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ دېگەنلىك “بۇ يەرشارىدا گېرمانىيە خەلقىنى ئېرىشىشى ھەقلىق بولغان تۇپراقلارغا ئىگە قىلىش كېرەك.” ئۇ بىر قانچە بەتتىن كېيىن پىكىرىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ: “بىز بۇندىن 6 يۈز يىل بۇرۇن ئورۇندىماي تاشلاپ قويغان ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز، نېمىسلارنىڭ چەكسىز تۈردە جەنۇبقا قاراپ كۆچۈش، غەرىپكە قاراپ ئىلگىرىلەش ئىشىنى توختىتىشىمىز كېرەك. بىز بۇندىن كېيىن نىشانىمىزنى يوقىرى تەرەپلەرگە بۇراپ، كۆزىمىزنى شەرقتىكى تۇپراقلارغا تىكىشىمىز كېرەك.” ئۇنىڭ شەرقتىكى تۇپراقلار دېگىنى، ئاساسلىقى سوۋېت رۇسىيىسىنى كۆزدە تۇتماقتا ئىدى. ئۇ ھۇجۇمغا قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: سوۋېت رۇسىيىسى “يەھۇدىيلارنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا” پۈتۈنلەي ۋەيران بولماقتا، تەغدىر  ئىلاھىبۇ يەھۇدىيلار تەرىپىدىن بۇلغىۋېتىلگەن تۇپراقلارنى ئىستىلا قىلىش ۋەزىپىسىگە گېرمانىيىنى تاللىۋالدى.
كېڭەيمىچىلىك قىلىش، تارىختىن بۇيان گېرمانىيىنىڭ خام خىيالى بولۇپ كەلگەن ئىدى. 1906-يىلى، كراۋۇس ۋاگنېر مۇنداق دەپ يازىدۇ: “ھەر بىر ئۇلۇغ مىللەت يېڭى زېمىنلارغا مۇھتاج. ئۇنداق بىر مىللەت چوقۇم باشقا دۆلەتلەرنىڭ تۇپراقلىرىغا قاراپ كېڭىيىشى كېرەك. ئۇ چوقۇم قىلىچىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ چەتئەللىكلەرنى سۈرۈپ توقاي قىلىپ قوغلاپ چىقىرىشى كېرەك.” ھىتلېرنىڭ تۆھپىسى بولسا، بۇ ئىشنى يەھۇدىيلارغا قارشى ھەرىكەت بىلەن پۈتۈنلەشتۈرەلىشى ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر مىللەتنىڭ چېگرالىرىنى ئەندى خان ئوردىسى بەلگىلىيەلمەس بولۇپ ئۆزگەردى. بۈگۈنكى ۋەزىيەت “رەھىمسىز يەھۇدىيلار ھەر قايسى مىللەتلەرگە ھۈكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن جەڭ قىلماقتا. شۇڭا ئۇلارغا قېلىچ بىلەن قارشى تۇرۇلمىغىنىدا، بىرمۇ مىللەت يەھۇدىيلارنىڭ قارا قولىنى بوغۇزىدىن ئاجرىتىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ.” شۇنداق ئىكەن، نېمىسلار قىلىچ كۈچىگە تايىنىش ئارقىلىقلا يەھۇدىيلار تەھدىتىنى يوق قىلالايدۇ، فرانسۇزلارنى، رۇسىيىنى ھەمدە ماركسىزمنى تارمار كەلتۈرۈپ گېرمانىيە بىلەن گېرمانلارنىڭ غايىسىنى يوقۇرى كۆتۈرەلەيدۇ. ھىتلېر، پاسېۋالك گوسبىتالىدا خىيال كۆرگىنىدىن بېرى، پۈتۈنلەي ئۆزگىچە، سىستېمىسى بولمىغان، ئاساسەن كۆڭلىنىڭ ھېس قىلىشىغىلا تايىنىپ دېگىدەك 7 يىل ئىزدەنگىنىدىن كېيىن ئاخىرى ئەنە شۇنداق بىر خۇلاسىغا كېلىدۇ.
ھېس، ژۇرنىلىڭىزدا بۇ كىتاب ھەقتە بىرەر ئوبزور ئېلان قىلىش ئىمكانىڭىز بارمىدۇ، دەپ سورىغىلى «كۈرەش يولۇم» نى ئېلىپ پروفېسسور خېينىز خاۋشوفېرنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. خاۋشوفېر بۇ كىتابنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن “قاتتىق تىرىكىپ كېتىدۇ.” بولۇپمۇ (ئايالى بىر يەھۇدىي بولغاچقىمىكىن) ھىتلېرنىڭ ئىرقچىلىق توغرىسىدىكى ھاقارەتلىك بايانلىرىغا سۆزلىرىگە بەكلا رەنجىيدۇ.222 شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ھاياتلىق ماكانى نەزەرىيىسى بىلەن ھىتلېرنىڭ شەرقنى ئىستىلا قىلىش قارىشى ئوتتۇرىسىدا بىرەر ئورتاقلىق بارلىقىنىمۇ ھېس قىلالمايدۇ. كېيىن ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىنىدە مۇنداق دەيدۇ: “مەن ئۇ چاغدا ھىتلېر بۇ كىتاۋىنى خۇددى ئوتتۇرىغا چىقىپلا يوقاپ كېتىدىغان بەزى كىتابلاردەك كىشىلەرنىڭ ھاياجىنىنى قوزغاش ئۈچۈنلا يازغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتىكەنمەن. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ كىتابنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مېنىڭ بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق.”
ھىتلېر، يازغان بۇ كىتابلىرىنى باشتىن تارتىپ قايتا تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن فرانكقا مۇنداق دەپ ئېتراپ قىلىدۇ: مەن راستىنلا يازغۇچى ئەمەس ئىكەنمەن. “يازغان ۋاقتىمدا مەن نۇرغۇن ئىشلارنى ئېسىمگە ئالالمىغان ئىدىم.” ئۇ يەنە «كۈرەش يولۇم» دېگەن بۇ كىتاۋىنىڭ ئۇنىڭ «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتىگە بەرگەن مۇھىم ماقالىلىرىنىڭ توپلىمىدىنلا ئىبارەت دېيىش مۇمكىن دەپ ئېتراب قىلىدۇ. “شۇنىسى ئېنىقكى، ئەگەر مەن 1924-يىلى كەلگۈسىدە باش مىنىستىر بولالايدىغانلىقىمنى پەرەز قىلالىغان بولسا ئىدىم، بۇنداق بىر كىتابنى ھەرگىزمۇ يازمىغان بولاتتىم.”
ھىتلېر، «كۈرەش يولۇم» نىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى نەشرى قىلىنىپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە، خوفبراۋخاۋس پىۋىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ناتسىستلار ئارچا بايرىمى مۇراسىمىنى يەھۇدىيلارغا ۋەھشىلەرچە ھۇجۇم قىلىش يىغىنىغا ئايلاندۇرىدۇ. ھىتلېر بۇ مۇراسىمدا “خىرىستوس، دۇنيانىڭ دۈشمىنى بولغان يەھۇدىيلارغا قارشى تۇنجى قېتىم كۈرەش باشلىغىنىدا ئەڭ ئۇلۇغ جەڭچى بولغان ئىدى” دەيدۇ (ھىتلېر، ئەيسانى ھەرگىزمۇ يەھۇدىي دەپ قارىماي يەھۇدىي دىنىغا بوي سۇنمايدىغان بىرسى دەپ تونۇيتتى. شۇڭا ئۇ، ئەيسانى يەھۇدىي زەھىرى بولغىيالمىغان يېرىم يەھۇدىي دەپ ھېسابلايتتى. ئۇ بۇنىڭغا ساپ ئەقىدىگە ئىگە بىرسى، پەقەت يەھۇدىي بوۋىسى بولغانلا بىرسى دېگەندەك ھېچ قانداق ئاساسى بولمىغان بىر باھانىنى كۆرسىتىدۇ). ئەيسا ھەرگىزمۇ تىنچلىق ئەلچىسى ئەمەس، ئۇنىڭ تۇرمۇش غايىسى بىلەن ئۆمۈر بويى ئېلىپ بارغان تەرغىباتى پۈتۈنلەي كاپىتالىزم ھوقۇقىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىدى، ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئۇ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى يەھۇدىيلار تەرىپىدىن كرىستكە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن دەيدۇ. ئۇ ئاخىرىدا “خىرىستوس پۈتتۈرەلمىگەن ئىشلارنى مەن، ئادولف ھىتلېر پۈتتۈرىدۇ” دەپ گېپىنى تاماملايدۇ.
ئارىدىن بىر قانچە ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۆزىنى مېسىئاھ دەپ ئاتىۋالغان ھىتلېرگە ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي قۇرالى بولغان ئاممىۋىي يىغىلىشلاردا نۇتۇق سۆزلەش ھوقۇقىي قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. 1927-يىلى 5-مارتتا، باۋارىيىدە ئاشكارە نۇتۇق سۆزلەش چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. 4 كۈندىن كېيىن، خانلىق سىرىك تىياتىرىدا ھاياجانغا تولغان بىر مۇنچە مىتىنگ قاتناشقۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئاخشىمى سائەت 8 دىن 3 مىنۇت ئۆتكەندە، تاشقىرىسىدا “خايل ھىتلېر!” دېگەن ئاۋازلار ياڭرايدۇ. شۇنىڭغا ئۇلۇشۇپلا ئوركىستېر ئۆمىگى ھاياجانلىق مارشلارنى ئورۇندايدۇ. ھىتلېر ھەربى فورمىسى بىلەن مەيدانغا كىرىپ كېلىدۇ. كەينىدىن بىر توپ ھەمرالىرىمۇ بىرگە كىرىپ كېلىدۇ. ھىتلېر، زالدىكىلەرنىڭ تەنتەنىلىك ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئېچىلغان تار يولدىن داغدام قەدەملەر بىلەن سەھنىگە قاراپ ئىلگىرلەيدۇ. ھىتلېر نۇتۇق سەھنىسىگە چىقىشى بىلەن تەڭ، زال ئىچى تىمتاس بولۇپ كېتىدۇ. 200 نەپەر كارىشناۋاي كۆڭلەكلىك پارتىيىلىك 2 نەپەر بارابانچى ۋە بىر بايراق كۆتەرگەن كىشىنىڭ باشلاپ مېڭىشى بىلەن مەيدانغا كىرىپ كېلىدۇ. شۇ ھامان “خايل!” دېگەن سادالار گۈلدۈرمامىدەك ياڭراپ، زالدىكى بارلىق كىشىلەر بىلىكىنى ئۇزارتىپ فاشىست سالىمى بېرىدۇ. سەھنىدە، ھىتلېر جىددى تۈس ئالغان ھالدا ئوڭ بىلىكىنى ئالدىغا ئۇزارتىدۇ. مۇزىكا ھەمرالىقىدا بايراقچىلار رىم قوشۇنلىرىغا ئوخشاش چاقناپ تۇرغان گۈل-چەمبىرەكلىك كرىست بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن بۈركۈت بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە چىقىدۇ. ھۇجۇمچىلار ئەتىرى ئەزالىرى سەھنە ئالدىدا ئولتۇرىدۇ. سەھنىگە چىققانلار ناتىقنىڭ كەينىدە تىك تۇرىشىدۇ.
دەسلىۋىدە، ھىتلېر نۇتقىنى قىلچە ھۇلۇقماي بەكلا ئاستا باشلايدۇ. كەينىدىنلا ئاغزى ئېچىلىپ كېتىدۇ. ساقچى دائىرىلىرىنىڭ دوكلاتىدا يېزىلىشىچە، ھىتلېر ھاياجانلىنىپ جىم تۇرالماي ئالدى-كەينىگە ماڭغاچ تىنماي قول ئىشارىتى قىلاتتى. ئۇ “مىڭ كىشىلىك يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە رەم قىلىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ نۇتقى گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى بىلەن ئۆزىلىپ قالغان ۋاقىتلىرىدا ئىنتايىن قىزىقارلىق تۈردە ئىككىلا قولىنى ئالدىغا ئۇزارتاتتى. ئۇ نۇتقىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پات-پاتلا، 'ياق-ياق' دېگەن سۆزلەر بىلەن ئارتىسلاردەك غەزەپلىنىشىنى كۈچەيتىپ تۇراتتى.” بۇ بىر خانۇسسېنچە نۇتۇق ئىدى. ئىككى يېرىم سائەتلىك نۇتۇق سۆزلەش جەريانىدا ھىتلېر گېرمانىيە دۈچ كېلىۋاتقان بوھران ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ.223 ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنچىۋالا قالايماقانلىشىپ كەتكەن بىر دۇنيادا پەقەت يەھۇدىيلارلا غالىپ  چىقالىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى نۇتقى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان بىر نۇتۇق بولغان ئىدى. كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغىنى ئۇنىڭ نېمىلەرنى سۆزلىگەنلىكى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ نۇتۇق سۆزلەش ئۇسلۇبىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇ،  پەقەت مۇنداق بىر نوقتىغا قەتئىي ئىشىنەتتى: ئۇ، بۇ قېتىم قانۇنلۇق ھالدا ئاخىرقى چەككىچە كىشىلەرنى جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىقلا بۇنچىۋالا زور ئۇتۇققا ئېرىشەلىگەن.
بۇنىڭغا ئوخشىغان مۇھىم نۇتۇقلىرىدا ھىتلېر ھەر دائىم 20 قۇتا مېنېرال سۇيى ئىچىشكە مەجبۇر قالاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلىكى ھەر دائىم تەردىن مىچىلداپ كېتەتتى. بەزى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ ياز ئايلىرىدا نۇتۇق ئۈستىلىدە بىر پارچە مۇز قويدۇرۇپ ئالقانلىرىنى سوۋۇتاتتى. ئۇ ھەر قېتىم نۇتقىنى سۆزلەپ بولۇپ دەرھال ياندىكى ئۆيلەردىن بىرسىگە كىرىپ مونچىغا چۈشۈپ چىقاتتى (بۇنداق بۆلۈملەرنى يىغىن ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار تەمىنلەپ تۇراتتى).

5
ھىتلېر، بۇ قېتىمقى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قاتار نۇتۇقلىرىدا خۇددى گرېگور ستراسسېر ئوتتۇرىغا قويغان سوتسىيالىزم يولىغا ئەمەل قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ؛ كاپىتالىزم بىلەن چىرىك بۇرجۇئازىيە سىنىپىغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقتىدا ئۇ ھەتتا سولچىلارنىڭ تىلىدا سۆزلەپ كېتەتتى. ئەمما ئۇ، شەھەر ئىشچىلىرىنى ناتسېستلار پارتىيىسى تەرىپىگە تارتىش كۈرىشىنى بۇ ئىشقا تېخىمۇ لاياقەتلىك بولغان باشقا بىرسىگە تاپشۇرىدۇ. جوزېف گيوبېلس ئاللىمۇقاچان بېرلىنغا كەتكەن ئىدى. ئۇ مېڭىش ۋاقتىدا ئۆشنىسىگە كونا كىتاب سومكىسىدىن بىرنى ئارتىۋالغان بولۇپ (سومكىنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىككى قۇر سىرتقى كىيىم، بىر قانچە كۆڭلەك، بىر نەچچە پارچە كىتاب ۋە بىر دەستە قوليازما بار ئىدى)، ئالغان بېلىتىمۇ ئۈچىنچى دەرىجىلىك پويىز بېلىتى ئىدى. بېرلىنغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، بېرلىن رايونىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بەكلا قالايماقان ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. گيوبېلس كېيىنكى بىر ئەسلىمىسىدە “ئۇ كۈنلەردە بېرلىندىكى ئاتاقتا پارتىيە تەشكىلاتلىرى پۈتۈنلەي نامى بار ئىشى يوق بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، ھەر خىل ھەر ياڭزا كىشىلەر يىغىلىۋالغان بىر ئورۇن ئىكەنلىكىنى، ھەقىقى مىللى سوتسىيالىزم ئىدىيىسىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ نەچچە يۈز كىشىگىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى كۆردۈم” دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭ دېگەنلىرى گەرچە ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە يازغانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئەمەلىيەتكە ئۇنچە بەك ماس كەلمەيدىغان قىلسىمۇ، بۇ دېگەنلىرىنى يەنىلا بەك مۇبالىغە قىلغانلىق دېيىشكىمۇ بولمايتتى. پايىتەختتە، پارتىيە يىغىنلىرى دائىم دېگىدەك بىر-بىرسىنى بەسلىشىپ ھاقارەتلىشىش تۈسىگە كىرىپ، بىر-بىرسىنى شاپىلاقلىشىپ جىدەل قىلىشىشلارمۇ ئادەتتىكى ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بىر قېتىمدا گرېگور ستراسسېر، خاگېمان ئىسىملىك بىرسى بىلەن گەپ تالىشىپ ۋارقىرىشىپ قېپقىزىل قىزىرىشىپ كەتكەن ئىدى. ھەتتا ئاخىرى كېلىپ بۇ جىدەل دوئىلغا چىقىش بىلەن ئاران بېسىققان.
روشەنكى، گيوبېلسنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىپە بەكلا قىيىن بىر ۋەزىپە ئىدى. ئۇنىڭ مەسئۇل بولغان تەۋەدىكى مىڭغا يېقىن پارتىيە ئەزاسى ئىچىدە “بىر-بىرسى بىلەن چىقىشالماسلىق” لاردىن باشقا يەنە، كوچىلاردا سان جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈن كوممۇنىستلار بىلەن سوتسىيال دېموكرات پارتىيىلىكلەرنىڭ زەربىسىگىمۇ دۈچ كېلىپ تۇراتتى. ئەينى ۋاقتىدىكى رايونلۇق پارتىيە بىيروسى پوتىسدام كوچىسىدىكى بىر بىنا ئىچىدە “پاسكىنا گەمە قەۋىتى” گە جايلاشقان ئىدى. “ھەقىقەتەنمۇ بەكلا قالايماقان ھالەتتە ئىدى. مالىيە ھېساۋاتلىرى پۈتۈنلەي قالايماقان بولۇپ، بېرلىن رايونلۇق پارتىيە ئورگىنى ئۇ ۋاقىتلاردا ھېچ نېمىسى يوق، ئەمما قەرز ئىچىگە پېتىپ قالغان ئەھۋالدا ئىدى.” بۇ خىل ئەھۋال گيوبېلسنى ئۈمىتسىزلەندۈرمەيلا قالماي، بۇنىڭدىن ئۆزىگە ھەسسىلەپ كۈچ-قۇۋۋەت توپلايدۇ. ئۇ، باش شىتابنى نىسبەتەن ياخشىراق بىر يەرگە كۆچۈرۈپ نورىمال پائالىيەتلىرىنى باشلىۋېتىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە بوغالتىر-كاسسىرلىق تۈزۈمى ئورنىتىپ ئۆزى بىۋاستە مەسئۇل بولىدۇ. 1927-يىلى فېۋرالغا كەلگىچە رايونلۇق پارتىيە بىيروسى قەرزدىن تولۇق قۇتۇلۇپلا قالماي يەنە ئون مىڭ ماركتەك مۇقىم دەسمايىغىمۇ ئېرىشىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە بىر كونا ماشىنىغىمۇ ئېرىشىدۇ.
گيوبېلس، ئەندى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش ۋاقتى كەلدى دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيىدىن زىرىككەن خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى تارتىش كېرەك ئىدى. “بېرلىنلىقلار كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان خەۋەرلەرنى ئاڭلاشقا خۇددى بېلىقنىڭ سۇغا مۇھتاج بولغىنىدەك قىزىقىدىغان ھالدا ئىدى. — دەپ يازىدۇ گيوبېلس، — ئۇلار ئەنە شۇنداق خەۋەرلەرنى تاما قىلىپ كۈن ئۆتكۈزەتتىكەن.224 ئەگەر بۇ نوقتىنى تونۇپ يەتمىگەندە ھەر قانداق بىر سىياسىي تەشۋىقات قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالاتتى.” شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ماقالە يازغىنىدا ياكى نۇتۇق سۆزلىگىنىدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بېرلىنلىقلارنىڭ تەلىۋىنى كۆزدە تۇتۇشقا دىققەت قىلىدىغان بولىدۇ. ماقالىلار بىلەن نۇتۇق ئارگىنالىنى يازغاندا كەسكىن ۋە ئېنىق گەپلەر بىلەن ھاياجان پەيدا قىلالىغىدەك شەكىلدە يېزىشقا تىرىشىدۇ. ھۇجۇمچىلار ئەترىتى بولسا كوچىلاردا قىزىللارنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ئېلىشىشقا كىرىشىدۇ. بۇ جەھەتتىكى پايدىلىق پۇرسەتلەرنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىيىسى، “كوچىلارنى بوي سۇندۇرالىغانلار چوقۇم خەلق ئاممىسىنىمۇ تېزگىنلىيەلەيدۇ؛ خەلق ئاممىسىنى تېزگىنلىيەلىگەندە دۆلەتنىمۇ تېزگىنلەشكە بولىدۇ” دېيىش ئىدى.
ئۆي ئىگىسى ئايالنىڭ دېيىشىچە، گيوبېلس ھەر قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەشتىن ئاۋال چوڭ ئەينەك ئالدىدا سائەتلەپ سەھنىدە تۇرۇش قىياپىتىنى مەشىق قىلاتتىكەن. ئۇ سەھنىگە چىققاندىن كېيىن، بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ زور ئىلگىرلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي ئۇ سەھنىدە تۇرۇشنىڭ ھەر تۈرلۈك قىياپەتلىرىنى پىششىق ئىگەللىۋالىدۇ. يىغىن باشلىنىشتىن ئاۋال ھەر دائىم يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قانداق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى سوراپ ئېنىق بىلىۋالاتتى. “مەن سەھنىدە قايسى ئۇسلۇپنى قوللىنىشىم كېرەك؟ مىللەتچى بىرسىمۇ، جەمىيەتتىكى بىرسىمۇ ياكى مەيۈس بىرسى بولىشىم كېرەك؟ تەبىئىكى، بۇ قىياپەتلەرنىڭ ھەممىسى مەندە تەييار.”
ئۇ ھەر دائىم جانلىق تىللاردا سۆزلەپ خەلق ئاممىسىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش ئۇسلۇبىدىن پايدىلىناتتى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ماھارەتلىك ناتىق ئىدى، ئۇ قىزىقچىلىقتىن دەرھال مەيۈس بىرسىگە، ئۇنىڭدىن يەنە تىل-ھاقارەت ياغدۇرالايدىغان بىرسىگە ئايلىنالايتتى. ئۇ ھەر دائىم قىزىللارنى قەستەن تىرىكتۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ ئۇلارنى ۋارقىراپ-جارقىرىتىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى پەيدا قىلىۋىتىپ، كەينىدىنلا بۇ ۋەزىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىناتتى. ئۇ بىر قېتىم، “شاۋقۇن پەيدا قىلىش، قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك قۇراللىرىدىن بىرى” دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تەشۋىقات بىر تۈرلۈك ھۈنەر ئىدى. ھالبۇكى ئۇ بۇ ھۈنەرنىڭ ئەڭ ئۇستىسى ئىدى. ئۇ، قولىدىكى مېلىنىڭ دۇنيادىكى بىردىن-بىر ياخشى مال ئىكەنلىكىنى ماختاپ كۆرسىتىدىغان ئامېرىكا پاسونىدا خېرىدار يىغىشتىن پايدىلىنىپ مىللى سوتسىيالىزمنى بازارغا سالاتتى.
گيوبېلس، ئىشچىلار ئاھالە رايونى بولغان ۋېددىڭ رايونىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن پاسون بويىچە كۆزگە چېلىققىدەك چوڭ خەتلىك قىزىل پلاكاتلارنى تىكلەپ، “بۇرجۇئازىيە دۆلىتى پات يېقىندا گۇمران بولىدۇ” دېگەن تۇيغۇنى تەشۋىق قىلاتتى. گيوبېلس 1927-يىلى 11-غېنىۋاردا، نۇرغۇنلىغان ئىشچىلارنى مىتىنگكە تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى مىتىنگ، كوممۇنىستلار ھەر دائىم ئاممىۋى يىغىن ئاچىدىغان فارۇس چوڭ زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ مىتىنگ، كوممۇنىستلارغا قارىتا بىر قېتىملىق ئاشكارە ئۇرۇش ئېلان قىلىش ھېسابلىناتتى. يىغىن رەئىسى يىغىنىمىز ئوچۇق دەپ ئەندىلا ئېلان قىلىپ تۇرۇشىغا، ماركسىزمچى بىر ئىشچى ئوتتۇرىغا چىقىپ، يىغىن تەرتىۋىدىكى بىر نوقتىغا ئىزاھات بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ۋارقىرايدۇ. رەئىس ئۇنىڭ سۇئالىغا پەرۋامۇ قىلمايدۇ. ئەمما ئۇ ئادەم تەلىۋىنى تەكرارلىماقچى بولغىنىدا ھۇجۇمچىلار ئەترىتىدىكىلەر كېلىپ ئۇنى مەيداندىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان ئۇرۇش-جىدەل باشلىنىپ كېتىدۇ. 83 نەپەر قىزىللار تەرەپدارى ئۇر-توقماق ئاستىدا قالىدۇ. بۇ جىدەلدە ناتسىستلاردىنمۇ ئون كىشى يارىلىنىدۇ. بۇ چاغدا گيوبېلس دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ يارىدارلارنى سەھنىگە چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ دات-پەريادىنى خەلق ئاممىسىغا كۆرسىتىشىنى بۇيرۇيدۇ. بۇنداق قىلساق خەلق ئاممىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بەك ياخشى بولىدۇ دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئويۇنىغا قاراپ گيوبېلسنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇستا تەشۋىقاتچى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىن. فارۇس زالىدىكى بۇ كۈرەش، ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ نامىنى گېزىتلارنىڭ بىرىنچى بەت سەرلەۋھەسىگە چىقىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇرۇن ھىتلېر ۋە ئۇنىڭ قوزغىغان ھەرىكىتى ھەققىدە بەكلا ئاز خەۋەردار بولۇپ يۈرگەن بېرلىنلىقلار “بېرلىن شەھىرىدە يەنە بۇنداقمۇ بىر سىياسىي كۈچ بار ئىكەن-دە” دېگەن مەلۇماتقا ئىرىشىدۇ. بۇ تۈردىكى گېزىت تەشۋىقاتلىرى ئەسلىدە ئۇلارنى قارىلاشنى مەقسەد قىلىپ يېزىلغان بولسىمۇ، كۈتۈلمىگەندە، ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتمەيلا 2600 نەپەر ئادەم كېلىپ ناتسىستلار پارتىيىسىگە ئەزا بولۇشقا ئىلتىماس سۇنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن يەنە 500 دەك ياش ھۇجۇمچىلار ئەترىتىگە ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنىدۇ.
مىتىنگ قاتناشقۇچىلار سانى كۈنسايىن ئارتىپ بارىدۇ. ھىتلېر، كلوۋ رېستۇرانتىدا ئوتتۇرىغا چىققىنىدا ئاممىۋى يىغىلىشقا قاتناشقانلار سانى 5000 كىشىگە يەتكەن ئىدى. شۇ قېتىمقى ئاممىۋى يىغىن ئەسلىدە ماركسىزمچىلارنىڭ بايرىمى بولغان «بىرىنچى ماي» بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئېچىلغان بىر يىغىن ئىدى. فۈھرېر نۇتقىنى باشلىغان ۋاقتىدىكى قىياپىتى راستىنلا لېنىننىڭ قىياپىتىگە ئوخشاپ كېتەتتى: “بىز سوتسىيالىزمچىلارمىز، بۈگۈنكى كاپىتالىزم ئىقتىسادىي تۈزۈمىنىڭ دۈشمەنلىرىمىز. كاپىتالىستلار تەڭسىز مائاش، ھەقسىز بايلىق ۋە دەسمايىسىغا تايىنىپ تىقىلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بېيىپ كېتىشى ھەرگىزمۇ مەسئولىيىتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، قىلغان ئەمگىكىنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشتىن كەلگەن ئەمەس،225 ئۇلار ئادەمنىڭ قىممىتىنى نامۇۋاپىق ئۆلچەملەر بىلەن باھالاش ئاساسىدا نامرات پۇخرالارنى ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىشقا تايىنىپ تىقىلىپ كەتمەكتە. بىز، ھەر قانداق ئەھۋال يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇنداق بىر تۈزۈمنى تۈپ يىلتىزىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىرادىسىگە كەلگەن كىشىلەرمىز.” كەينىدىنلا ئۇ ھاياتلىق ماكانى يارىتىش ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك توختىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىغا بۇ قارىشىنى كۈچەپ سىڭدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئۇ نۇتقىنى، گېرمانىيىدە 62 مىليون ئاھالە بار. ئەمما يەر مەيدانىمىز بولسا ئارانلا 450 مىڭ كلومېتر چاسا كېلىدۇ. بۇ خەلق بۇنچە تار بىر مۇھىتتا بەكلا قىستىلىپ كەتمەكتە! دەپ داۋام قىلىدۇ. “ئەگەر بىز بۈگۈنكى كۈندە باشقا دۆلەتلەر ئىگە بولىۋالغان يەر مەيدانلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىدەك بولىدىكەنمىز، بىزنىڭ قولىمىزدىكى بۇ يەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كۈلكىلىك دەرىجىدە ئاز بىر يەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. … بۇ ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك چارىسى بار: بىر بولسا ئەڭ ئىسىل نەسىللىرىمىزنى قوغلاپ چىقىرىشقا تايىنىپ نوپوسىمىزنى ئازايتىش؛ ياكى بولمىسا ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر قېلىشتىنمۇ قاچماي زېمىن بىلەن نوپۇس پەرقىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش. بۇ ئىككىنچى ئۇسۇل، تەڭرىنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن ئەڭ تەبىئى ئۇسۇلدۇر.”
گيوبېلس، ئەسلىدە قىزىللار ئوتتۇرىغا چىقىپ قالايماقانچىلىق تېرىشىنى بەكلا ئۈمىد قىلغان ئىدى. ئەمما يىغىن باشتىن ئاخىرى تىپ-تىنىچ ئۆتىدۇ. ھەتتا ئەڭ مۇھىم گېزىتلارمۇ بۇ قېتىمقى نۇتۇق ھەققىدە بىرەر باھادا بولماي جىمىپ كېتىدۇ. پارتىيىنى خەلق ئاممىسىنىڭ نەزىرىدە تۇتۇش مەقسىتىدە ئارىدىن 3 كۈن ئۆتمەي، گيوبېلس”ھەربىلىكتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر جەمئىيىتى يىغىن زالى” دا يەنە بىر قېتىملىق مىتىنگ تەشكىللەيدۇ. بۇ يىغىلىش ئۈچۈن ئۇ كۈشكۈرتۈش خاراكتېرىدا يەھۇدىيلارغا قارشى چاقىرىقتىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ (“جاپاكەش خەلقىم! بىزنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ جاكوب گولدشىمىدتمۇ؟”) بۇچاقىرىق نەچچە مىڭ نۇسخا باستۇرۇلۇپ پۈتۈن بېرلىن شەھەرىگە تارقىتىلىدۇ. گولدشىمىدت دېگەن كىشى گېرمانىيىدىكى ئەڭ چوڭ بانكىرلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا ئۇنىمۇ تەكلىپ قىلىشقان ئىدى. ئەسلىدە بۇ كىشى يىغىنغا قاتنىشىشقا ماقۇل بولغان بولسىمۇ، يىغىلىشقا ئاز قالغاندا، ئۇنىڭ شىركەت يىغىنىدىكىلەر قارار قوبۇل قىلىپ قاتناشمىسۇن، ئۇنىڭ ئورنىغا شەخسى كاتىۋىنى يوللىسۇن دەپ قارار چىقىرىشىدۇ.
گيوبېلس، مىتىنگتە ئىنتايىن نازاكەتلىك بىلەن بانكىرنى قاتتىق مازاق قىلىپ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى قاھقاھلىتىپ كۈلدۈرىۋېتىدۇ. “قارشى ئالىمىز بېرلىنلىق ئىشچى قېرىنداشلار! — دەيدۇ ئۇ نۇتقىدا، — جاكوب گولدشىمىدتنىڭ چىرايلىق قىز كاتىپى يىغىلىشىمىزغا قاتناشقىلى كەپتۇ! ئۇنى قىزغىن قارشى ئالايلى! كاتىپ خانىم، مېنىڭ ھەر بىر سۆزۈمنى خاتىرلەپ ئاۋارە بولماڭ. سىزنىڭ خوجايىنىڭىز ئەتىنىڭ گېزىتلىرىدىن نۇتقىمنى ئوقىۋالالايدۇ.”  ئۇ قىلچە مەڭسىتمىگەن ھالدا “يەھۇدىي گېزىتلىرى” ۋە “مەتبۇئات ساھەسىدىكى يەھۇدىي كولۇپلىرى” ھەققىدە سۆزلەپ كېتىدۇ. ئارىدىن بىر جىدەل تېرىغۇچى چىقىپ ۋارقىرايدۇ: “سېنىڭمۇ ئۇلاردىن قېلىشقىدەك يېرىڭ يوق!” ۋارقىرىغان كىشى ياشانغان بىر پوپ بولۇپ، تىنماي گيوبېلسنىڭ گېپىنى بۆلۈپ تۇراتتى. ئاخىرى گيوبېلس بەرداشلىق بېرەلمەي، ھۇجۇمچىلار ئەترىتىدىكىلەرگە ئۇنى ئەدەپلەپ قويۇشنى ئىشارەت قىلىدۇ. پوپ قاتتىق تاياق يەپ يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. گېزىت خەۋەرلىرىدە يارىلانغا كىشىنىڭ كاتولىك دىنىدىكى “ئاق چاشلىق كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر” بىر پوپ ئىكەنلىكى يېزىلىدۇ (ئەسلىدە، ئۇ بىر زابوي ئىدى. ئۇنى سەھنىدىن ھەيدەپ چۈشىرىۋەتكەندىن كېيىن ئۇمۇ ئاكتىپ ناتسىستلاردىن بىرىگە ئايلانغان). بۇ ئىش جامائەتنىڭ غەزىۋىنى قوزغىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ساقچى ئىدارىسى بۇ ئىش سەۋەبىدىن بويرۇق چۈشۈرۈپ بېرلىندىكى ناتسىستلار پارتىيىسىنى قانۇنسىز پارتىيە دەپ ئېلان قىلىدۇ.
بۇ چەكلىمە گيوبېلسنى بەكلا ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ بۇنىڭغا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتىدا، ئۇ يەنە “چەكلىگىنىڭلار بىلەن بىز يەنىلا ھاياتتا” دېگەندەك شۇئارلاردىن پايدىلىنىپ ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېنىكلىتىشكە تىرىشىدۇ. پارتىيە تەشكىلى ھەرىكىتى يەر ئاستىغا كۆچۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئامالسىز قالغان گيوبېلىس، “تىنىچ كۆل”، “گۈزەل دوپ دەرىخى”، “1927-يىلقى پىيادىلار ئىتتىپاقى” دېگەندەك بالىلارچە ساددا پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ تەشكىلاتىنى نىقاپلاشقا تىرىشىدۇ. ساقچى دائىرىلىرىمۇ ئۇنىڭغا قارشى يەنە بىر بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ناتسىستلارنى پروسىيە تەۋەسىدە ئاشكارە نۇتۇق سۆزلىشىنى چەكلىمەكچى بولىشىدۇ.
گيوبېلس بۇنىڭلىق بىلەن ھۇجۇقۇپ كەتمەيدۇ. ئۇ ژورنال نەشرى قىلىشقا كىرىشىپ، ئۇنىڭغا «ھۇجۇم» دېگەن نامنى بېرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنى خاتىرلەش كۈنىدە بۇ ژۇرنالنى نەشرىدىن چىقىرىدۇ. ئەمما رىياللىق ئۇنىڭ خىياللىرى بىلەن پەقەتلا ماس كەلمەيدۇ.226 ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانىدىن باشلاپلا ئۇنى ھەيران قالدۇرۇپ ژۇرنال چىقىرىشى مەغلوبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. “بۇ نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق شىتات ژۇرنىلى” دەپ ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇ مەغلوبىيەتنى قوبۇل قىلالمىغان. “پۈتۈنلەي جۆيلۈگەن بىر ژۇرنال!” مۇشتىرى بولغان پارتىيىلىك سانىمۇ نەچچە يۈزدىن ئاشمىغان بولۇپ، گېزىت بوتكىلىرىدا ئارانلا بىر نەچچە نۇسخا سېتىلىش بىلەن چەكلەنگەن ئىدى. ئەمما گيوبېلس ئاساسى روھىنىڭ خاتا ئەمەسلىكىگە قەتئىي ئىشىنەتتى. شۇڭا ئۇ كومپارتىيە گېزىتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى بىلەن مەزمۇنىنى كۆچۈرۈپ بېسىش دېگەندەك چارىلار بىلەن بۇ ژۇرنالنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى.

گيوبېلس بىلەن ستراسسېر ئىككىسى ئوتتۇرسىدا چىققان قاتتىق مۇنازىرە بېرلىن مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ چىگىشلەشتۈرىۋېتىدۇ. بۇ ئىشلار ئىيۇل ئاخىرلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ميۇنخېن يىللىق قۇرۇلتىيى ئۈچۈنمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك رىيال بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولىدۇ. پارتىيىنىڭ شەھەر ئىچىدىكى تەرەققىياتى كىشىنى بەكلا ئۈمىتسىزلەندۈرەتتى. ھىتلېر يىغىندا بۇ تۈردىكى كىرىزىس ھەققىدە گەپ قىلماي ئەگىتىپ ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئۇ ئاساسلىق نىشانىنى ھېچ كىم ئوتتۇرىغا چىقىپ ئاقلاشقا ئۇرۇنمايدىغان بۈرگېربراۋدىكى يەھۇدىيلارنى قارىلاشقا قارىتىدۇ.
پارتىيە پائالىيەتلىرىنىڭ پەسكويغا چۈشۈپ قېلىشىغا ھىتلېر گويا قىلچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغاندەك، ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم باشقا بىر ئىشى باردەك يۈرەتتى. ئۇنىڭ بۇ بىر قانچە ئاي ئىچىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئىدى. ئۇ خەلق ئاممىسىغا ئىرقچىلىق ئىدىيىسى بىلەن گېرمانىيىنىڭ كىلەچىكى شەرقتىن تۇپراق ئىگەللەش دېگەن ئىدىيىسىنى سىڭدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ دارۋىنىزملىق تەبىئەت قانۇنىيىتىنى ئاساس قىلغان كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەپ تۈگىتىدۇ دەيدىغان سۇنئىي قارىشىنى تەكرار-تەكرار تەرغىپ قىلماقتا ئىدى.
نيۇرېمبېرگتا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيىنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇراسىمىدا ئۇ بۇ پىروگراممىسىنى يەنىمۇ بىر بالداق يوقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ. 8500 نەپەر فورمىلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 20 مىڭدەك پارتىيە ئەزاسى، بۇ قېدىمى شەھەرگە يۇپۇرلۇپ كېلىدۇ. باشقا ۋاقىتلارغا ئوخشاش يىغىن مەيدانى ئالاھىدە داغ-دۇغىلىق كۆرۈنۈشكە كەلتۈرۈلگەن ئىدى. كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان ھەربى مارش ئوركىستر ھەمرالىقىدا، يىغىن قاتناشقۇچىلار بايراقلارنى كۆتۈرۈشۈپ تەرتىپلىك قەدەملەر بىلەن يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كېلىدۇ. 21-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى، يەنى تەبىرىكلەش مۇراسىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، ھىتلېر ھاياتلىق ماكانى چۈشەنچىسىنى يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن باغلاشتۇرۇپ سۆزلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى نۇتقى بەكلا مۇجىمەل بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر بۇنداق باغلاشتۇرۇپ دېگەنلىرىنىڭ تېگىدە نېمە غەرەزنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېس قىلىپ كېتەلمەيدۇ. ھىتلېر، نېمىس خەلقىنىڭ تېخىمۇ كەڭىرى ھاياتلىق ماكانىغا ئېرىشىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەلىبىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ كۆرسىتىدۇ؛ ئاندىن ئۇ، ھوقۇق، پەقەت ھوقۇقلا يېڭى تۇپراقلارنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى بولالايدۇ دەپ كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۇ، گېرمانىيىدە ئۈچ تۈرلۈك قورقۇنۇچلۇق كۈچلەر تەرىپىدىن ھوقۇق  ئىمكانىيەتلىرى تارتىپ ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئېيتىدۇ. بۇ كۈچلەر ئىنتېرناتسيونالىزم، دېموكراتىيە ۋە تىنچلىقپەرۋەرلىك ئەقىدىلىرىدىن ئىبارەت ئىمىش. كەينىدىنلا بۇ ئۈچ خىل ئامىلنى ئىرقچىلىق قارىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىدۇ. ئىنتېرناتسيونالىزم، دېموكراتىيە ۋە تىنچلىق دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىلا يەھۇدىيلار ئىجاد قىلغان ئۇقۇملار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ ھاياتلىق ماكانى نەزەرىيىسى بىلەن يەھۇدىيچىلىققا قارشى چىقىشنى بىر پۈتۈن ھالغا كەلتۈرەلىگەن ئىدى. ھىتلېرنىڭ بۇ يېڭى قاراش جەھەتتىكى سىستېمىسىز ئىزدىنىشى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشكە ئازلا قالغان ئىدى.
ھىتلېر، ھېلىغىچىلا تيېرشستراس كوچىسىدىكى شۇ كىچىك ئۆيدە تۇراتتى. گەرچە، گېرمانىيىدىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك بەزى ئائىلىلەردە، ھىتلېر گويا قەھرىمانغا ئوخشاش قىممەتلىك مېھمان سۈپىتىدە كۈتىۋېلىنغان بولسىمۇ، ئۇ تۇرمۇش ئۆلچىمىنى يەنىلا شۇ بۇرۇنقى قەلەندەرلەر تۇرمۇش سەۋىيىسى بويىچە ساقلاپ كەلمەكتە ئىدى. خۇلۇم-قوشنىلىرىنىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بار بولغان بىر قانچە كۆڭلىكى بىلەن بىر قانچە پايپىقىنىمۇ باشقىلار بىلەن تەڭ ئىشلىتەرمىش. بۇ ئاددى ئۆيدە ھىتلېر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كەمبەغەل ياكى باي مورتلىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئىسىل پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى، كەڭ قۇرساقلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ قولىنى سۈيۈپ قويۇش بىلەن، ئۇلارنىڭ ئۆمۈر بويى ھىتلېرغا ساداقەتلىك بولىشىنى قولغا كەلتۈرىۋالاتتى. ئۇنىڭ كۈچلۈك قول ئېلىشىپ كۆرۈشىشى، ئەمەلىيەتنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ مۇئامىلە قىلىشى ھەمدە ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىمۇ ئەرلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئىدى.227
ئۇنىڭ نۇتۇقلىرىمۇ سىياسىي ئۆتكۈرلۈكىنىڭ تىپىك ئۈلگىسىگە ئايلانغان ئىدى. شۇ يىلى كۈزدە خامبۇرگدا بىر قېتىملىق سۆزلىگەن نۇتقىدا يەرلىك ئەمەلدارلاردىن ئالبېرت كرېبس، ھىتلېرنىڭ قەتئىي تۈردە تىزىسكە قاراپ نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى، ئۇ تىزىسلىرىدا مۇھىم سۆزلەرنى يېزىۋالىدىغانلىقىنى سەزگەن. ھەتتا ئادەتتە مۇنداقلا ئاغزىدىن چىقىرىپ قويغاندەك بىلىنگەن سۆزلەرنىمۇ ئالدىن يېزىپ تەييارلىۋالىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان. ھىتلېر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دېگىنىدەك، بولۇپمۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ دەپ يۈرگىنىدەك نۇتقىنى تەييارلىق قىلماي ئۇدۇللۇق سۆزلەيدىغان بىرسى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ نۇتۇق تېزىسلىرى بەكلا رەتلىك يېزىلغان بولۇپ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنىڭ قانداق ئۈنۈم قازىنىشىنى، بۇنداق ئۈنۈمنى قانداق قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدىغان بىرسى ئىدى. كرېبس، ھىتلېر ئوچۇق مەيدانلاردا ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىنى سىناق قىلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، فۈھرېر قەلبىدە چوڭ پىلانلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى زادىلا ئۇقالماي قالغان ئىدى. “ھىتلېر، كونا سۆزلەردىن پايدىلىنىشتىن ساقلانغان ئاساستا، يېڭى سۆز ۋە چۈشەنچىلەرنى ئىشلەتكەندىلا خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا بولىدىغانلىقىنى بەكلا ئېنىق بىلەتتى. ئۇنىڭ ئىدىيىسى ھەقىقەتەنمۇ رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتىرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى ئوخشىمىغان سىياسىي غايىلاردىكى كىشىلەرمۇ قوبۇل قىلالايتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ ھامبۇرگدا تۇنجى قېتىم ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقتىدا، قىسقىغىنە بىر سائەت ئىچىدىلا گۇمان بىلەن قارايدىغان ياكى ئۆز پىكىرىنى ساقلاپ قالغان يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىمۇ ئالقىشلايدىغان ھالغا كەلتۈرىۋىتەلىگەن ئىدى. بۇنداق ئالقىش سادالىرى بارغانسىرى كۈچىيىپ، ئۇنىڭ نۇتقى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغىنىدا ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى. كېيىن، كاللىسى ئەڭ سەگەك ھېسابلىنىدىغان مىتىنگ قاتناشقۇچىلىرىمۇ، گەرچە ھىتلېرغا ۋە ئۇنىڭ ناتسىستلار پارتىيىسىگە يەنىلا قارشى بولغىنىغا قارىماي، ھىتلېرنى ئويلىغىنىدىنمۇ ئارتۇق كىشىلەرگە مەرھەمەتلىك بىرسى دەپ تونۇيدۇ.”
ھىتلېرمۇ ئادەتتىكى نېمىسلارنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قانداق قىلىپ قاندۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى تىنماي ئىگەللەپ تۇراتتى. ئۇ بۈگۈن ميۇنخېن قوزغىلىڭى دەۋرىدىكى كىشىلەرنى قورقىتىپ يۈرىدىغان ئىنقىلابچى ئەمەس ئىدى. شۇنىڭدەك خەلق ئارىسىدىكى ئەسەبىلەردىنمۇ ھېسابلانمايتتى. ئۇ ئەندى پۈتۈن زىھنى بىلەن ۋەتىنىنىڭ بەختىيارلىقى ئۈچۈن ئىزدىنىپ يۈرگەن بىر رەھىمدىل ئىنسان ھېسابلىناتتى. ئەگەر ئۇنىڭ “ئاساسلىق قىممەت قارىشى بىلەن غايىسى” كىشىلەرنى ئىشەنچىگە ئىگە قىلالىسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ قاراشلارنى قوبۇل قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈرەلەيتتى. ئەمما ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتقان خەلقنىڭ بىلەلەلمەيدىغىنى، “ئۇنىڭ تىلغا كەلتۈرگەن رەھىمدىل سۆزلىرى” نىڭ ئەسلىدە ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە كۆرۈلگەن ئەڭ ئاكتىپ پروگرامما نىقاپلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بۇ پروگرامما ئەسلىدە كەلگۈسىدە ياۋروپا خەرىتىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ھەر خىل شەكىلدە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر پروگرامما ئىدى.
شۇ يىلى كۈزدە، ھىتلېر بېرلىنغا كېلىپ قىسقا مۇددەت تۇرۇپ، گيوبېلس بىلەن ستراسسېر ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشنى بىۋاستە ھەل قىلىپ ئۆتىدۇ. ئوتتو ستراسسېرنىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا، ھىتلېر ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن تالاش-تارتىشلارنى توختاتقىن دەپ تەلەپ قىلغان. “ئۇنداقتا بۇنى ئۆزىڭىز بېرىپ گيوبېلسقا ئېيتىڭ، ئەسلىدە ھەممىلا ئىشتا ئىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ يۈرگەن كىشى دەل ئۇنىڭ ئۆزى” دەيدۇ ئۇ قىلچە تەپ تارتماستىن. ئوتتونىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېيىشى، ئۇنىڭ چوڭ قېرىندىشى ھىتلېرغا بولغان قارىشىنى ھەرگىز ئۆزگەرتەلمەيتتى. ئەمما فۈھرېر، گرېگورغا ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مەخسۇس بۇ يەرگە كەلگەن ئىدى. ئۇنى پارتىيىگە قايتۇرۇپ كېلىش بىلەنلا قالماي ئۇنىڭغا يەنە تېخىمۇ يوقىرى ۋەزىپىنى ئۆستىگە ئېلىشىنى ئېيتىدۇ. باۋارىيىدە تۇنجى قېتىم ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقتىدا گرېگور، ھىتلېر بىلەن بىرلىكتە سەھنىدە كۆرۈنگەن ئىدى؛ ئەڭ ئاخىرقى يىللىق يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان كىشىمۇ يەنە شۇ گرېگور ئىدى. ئىنىسى ئۇنىڭغا ھىتلېرنىڭ ھوقۇقى نىسبەتەن خەتەرلىك بىر باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرغان  بولسىمۇ گېپىنى ئاڭلىغىلى ئۇنىمايدۇ. “قوي بۇنى، — دەيدۇ ئىنىسى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، — ئۇمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاشلا ھەرگىز بىر داھى ھېسابلانمايدۇ. ئۇ پەقەت خەلق سەھنىسىدە قارشى ئېلىنىپ كېلىنگەنلا بىر ئادەم. ئۇنىڭغا يەنىلا تاقابىل تۇرالىشىمىز مۇمكىن.” ھىتلېر شاش بىر ئاتقىلا ئوخشايدۇ. “ئۇنىڭ بىزنى يېقىتىپ تاشلىشىغا يول قويماسلىقىمىز، ئۇنى تېزگىنلەپ يۈرىشىمىز، ئۇنى توغرا يولغا قاراپ يېتەكلەپ يۈرىشىمىز كېرەك.”228 ئەمما ئوتتو ئۇنداق قارىمايتتى. ئۇ، ھىتلېر ھەرگىزمۇ شاش بىر ئات ئەمەس، بەلكى بىر يولۋاس دەپ قارايتتى. “ئەگەر ئۇ سېنى يېقىتىپلا ئالدىمۇ-بولدى، سېنى مەڭگۈلۈككە يىمىرىپ تاشلايدۇ.” ئىنىسىنىڭ بۇ گېپىگە گرېگور قارشى چىقىپ، مەن بۇ فۈھرېرنى يىتەكلەپ كېتىشنى بىلىمەن، چۇنكى ھىتلېر بەرىبىر “ئاجىز بىر ئادەم، ئۇنىڭ مىجەزى ياخشى، ھەم ساداقەتلىك ھەم يۇۋاش. سەن ئۇنىڭ مېنىڭ دېگەنلىرىمگە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ ئۇ ھەر دائىم: گرېگور، يەنە سېنىڭ توغرا چىقتى، ئەگەر سەن بولمىساڭ مەن نېمىگىمۇ ئوخشاپ قالارمەن دەيسەن؟ دەيدۇ. سېنىڭچە ئۇ سترېيچېرغىمۇ بۇنداق گەپلەرنى قىلار دەپ ئويلامسەن؟”

6
1927-يىلى يىل ئاخىرسىغا كەلگەندە، كۆرۈنۈشتە ھىتلېر كىشىلەر ئۈستىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغىنىدا ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلىشتىن باشقا كۆللىكتىپ مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلىپ كېتەلەيتتى. پارتىيىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىدە، روشەنكى، ئۇنىڭ قىزىقىدىغىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك مەقسەتنى كۆزلەپ ھەرىكەت قىلىش ئىدى. يەنى بەزى نەرسىلەرنى ئۇ ئېنىق كۆرۈپ يېتەلىگەن بولسا، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بۇنى كۆرەلمىگەنلىكى ئېنىق ئىدى. مەسىلەن، كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوزغاپ پارتىيىنىڭ ئاساسىنى كېڭەيتىشتىن ئاۋال چوقۇم بەزى خەلق ئاممىسىنىڭ دەرھال ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيتتى. بۇ ئاساستا قايتىدىن ئىشچىلار بىلەن شەھەر خەلقىنىڭ ھىمايىسىنى قوزغىتاكايتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم بولغان يەنە بىر ئىش، ئۇ يەنە مەلۇم بىر ئېنىق دۇنيا قاراشنى يېتەكچى قىلىشقىمۇ ئېھتىياجلىق ئىدى. ئەمما ئۇ، بۇ ئىشنى شۇندىن بىر يىل كېيىنلا ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان بۇ ئىش ئىككىنچى يىلىسىلا ئوتتۇرغا چىقىدۇ، يەنى بۇنداق بىر ھادىسە نىيويۇرك شەھىرىدىكى ۋول سترىت كوچىسىدا يۈز بېرىدۇ.
يېڭى يىلنىڭ كىرىشى بىلەن بېرلىندىكى پارتىيە چەكلىمىسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. كەينىدىنلا گيوبېلسنىڭ سىياسىي قابىلىيىتى قايتا نامايەن بولۇپ، پات يېقىندا باشلىنىدىغان پارلامېنت چوڭ سايلىمىدا ئۆزىنى كۆرسىتىپ زور غالىبىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاتلىنىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ ئاساسلىق قىزىقىدىغىنى ئىشچىلار بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ناتسىتلار بىلەن سوتسىيالىزمچىلاردىن ئارىدىكى تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىشلىرىنى تەلەپ قىلىپ چاقىرىق قىلىدۇ: “مىللەتچى سوتسىيالىزم بىلەن سوتسىيالىزم ئىككىسى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئۇقۇملار بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ بىر-بىرىگە زىت ئەمەس. ئەگەر ئۇلار بىر-بىرسىگە قارشى تۇرۇشنى داۋام قىلدۇرىدىغانلا بولىدىك ئۇلار چوقۇم يوقۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغىنىمىزدىلا ئىنقىلاب قىلالايمىز، ئالغا ئىلگىرلىيەلەيمىز.”
20-ماي كۈنىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئومۇمى سايلام، گيوبېلس ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر غالىبىيەت ھېسابلىناتتى. چۇنكى ئۇ پارلامېنتقا كىرەلىگەن ئىدى. ئەمما فۈھرېر ئۈچۈن بولسا بىر مەغلوبىيەت ئىدى. چۇنكى پارتىيە ئارانلا 11 نەپەر ۋەكىللىك ئورنىغا ئېرىشىپ ئۇنى پارلامېنت سىرتىدا قالدۇرغان ئىدى. ئۆتكەن ئىككى يىل جەرياندا ناتسىستلار يۈز مىڭ ئاۋاز بىلەن ئىككى دېپوتات ئورنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ زىيانغا ھەرگىزمۇ ھىتلېر سەۋەبچى ئەمەس ئىدى. شۇنىڭدەك پارتىيىنىڭ ياخشى تەشكىللەنمىگەنلىكىدىنمۇ كۆرۈشكە بولمايتتى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ياخشىلىنىپ، ھەل قىلغۇچ بىرەر ۋەقە يۈز بەرمەسلىكىدىن بۇنداق بىر مەغلوبىيەت ئوتتۇرغا چىققان ئىدى. بۇندىن كېيىن “ۋېرسايل  شەرتنامىسى” بىلەن “نويابىر جىنايەتچىلىرى” نى تىلغا ئېلىشقىلا تايىنىپ سايلىغۇچى ئاممىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. سىياسىي ئەربابلار ئەڭ ئاخىرقى پەيتلەردىلا بەزى يېڭى يۈزلىنىشلەرنى پەرق قىلالىشى مۇمكىن. سايلام كۈنى ئاخشىمى ميۇنخېن پارتىيە مەركىزىگە يىغىلىپ سىياسىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرالىغانلىقىنى تەبرىكلىمەكچى بولغان ناتسىست غوللۇق ئۇنسۇرلىرى مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈپ پۈتۈنلەي روھى چۈشۈپ كېتىدۇ. سايلام خۇلاسە رەقەملىرىنى ئالاقىچى ۋېلىسىپىتلىق كېلىپ ئۇلارغا تاپشۇرغان ئىدى.ھىتلېر يېرىم كېچىدىن ئاشقاندىلا ئۇ يەرگە يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ بۇ رەقەملەرنى كۆرۈپ روھى چۈشۈپ كەتكەنلەرگە ئېتىۋار قىلماي، ھىمايىچىلىرىغا كۈچلۈك مەنتىقىلىق، ھەتتا پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بىر نۇتۇق سۆزلەپ كۆپچىلىكنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىۋېتىدۇ. پىشقەدەم سىياسىيونلار ئەسلىدە داھىلىرىدىنمۇ ئۆزلىرىنىڭ روھى ھالىتىگە ئوخشاش ئۈمىدسىزلىك بىلەن تولغان بىر نۇتۇق ئاڭلايمىز، دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەمما ھىتلېر قالغان ئىشچىلار سىنىپى پارتىيىسى بولغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇكەممەل نەتىجىلىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ سۆزلەپ كېتىدۇ. ھىتلېر بۇ ئىككى پارتىيە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىنى ھەرگىزمۇ كىچىك بىر نەتىجە دەپ قارىمايدۇ. شۇنىڭدەك بۇنى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ مەغلوبىيىتى دەپمۇ كەتمەيدۇ. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە،229 ھىتلېر بۇ ئىككى “دۈشمىنىنى” گېرمانىيە مۆتىدىل ئوتتۇر يول پارتىيىسىنى مەغلۇپ قىىۋەتتى دەپ مەدىھلەپ، غەلىتىرەك بىلىنسىمۇ يەنىلا بەكلا خۇرسەن بولغاندەك قىياپەتنى ئىپادىلەيدۇ. ھىتلېر سەپداشلىرىنىڭ ئەكسىچە، سىياسىي ئىستىقبالىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى.
ئومۇمى سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھىتلېر ئۆزىنىڭ ئىلھام بۇلىقى بولغان بېرچتېسگادېنغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ ئاخىرى ئوبېرسالزبۇرگتا مېنىڭ ئۆيۈم دەيدىغان بىر ماكانغا — “ۋاچېنفېلد ئۆيى” دېگەن تۇرالغۇ جايىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ ئۆي ئاددى بىر سەھرا ئۆيى بولۇپ، يوقىرى باۋارىيە تاغلىق رايونىدىكى ئۆيلەر پاسونىدىكى بىر ئۆي ئىدى: ئۆيىنىڭ تۆت ئەتراپى تاختاي كارىدورلۇق بولۇپ، ئۆگزىسى بوران ئۇچۇرۇپ كەتمىسۇن دەپ تاختاي ئۆگزە ياپىلاق تاش كاھىشلار بىلەن تىزىپ چىقىلغان ئىدى. ئۇ، بۇ ئۆينى دەسلەپتە كۆرگىنىدە “ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي مەپتۇن بولغان” ئىدى. تەلىيىگە ئۆي خوجايىنى (مەلۇم بىر سانائەتچىنىڭ مىراسخورى) بىر پارتىيىلىك ناتسىست بولۇپ، ئايلىق ئۆي ئىجارىسى ئۈچۈن ئارانلا يۈز مارك تەلەپ قىلغان ئىدى. “مەن دەرھال ۋيېننادىكى ھەدەمگە تېلېفون قىلىپ بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇردۇم. ئاندىن ئۇنىڭدىن كېلىپ بۇ ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى بولۇپ بېرىشىنى ئۆتۈندۈم.” ئانگېلا ئىككى قىزى فريېدل بىلەن ئانگېلا مارىيەنى ئېلىپ دەرھال يېتىپ كېلىدۇ. ئانگېلا مارىيە، يەنە بىر ئىسمى گېلى بەكلا شوخ، سۇس قوڭۇر چاچلىق بىر قىز بولۇپ، 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىدى. “ئۇ قىز ئۇنچىۋالامۇ چىرايلىق بىر قىز ھېسابلانمايتتى. — دەيدۇ سەل بۇرۇن ھېس بىلەن توي قىلغان ئىلسې پرۆل ئەسلىمىسىدە، — ئەمما ئۇ قىزدا راستىنلا ۋيېننا قىزلىرىدا بولىدىغان داڭلىق جەلىپ قىلىش كۈچى بار.” كىشىلەرنىڭ كۆرۈنىشىدىن قۇسۇر تاپىمەن دەپلا يۈرىدىغان بىر قانچە كىشى (بۇلارنىڭ ئىچىدە خانفىستايىنگىلمۇ بار ئىدى) بۇ قىز توغرىلىق “قىلچە ئەقلى بولمىغان، ئەتىدىن كەچكىچە لاغايلاپلا يۈرىدىغان كىچىك بىر قىز بولۇپ، ئۇنىڭدا نە بىر ئەقىل، نە بىرخاراكتېر بار. ئۇنىڭدا بار بولغىنى پەقەتلا ئاددى دىدەكلەردەك قوپال كۆرۈنۈشلۈك ياشلىق” دەپ گەپ تارقىتىپ يۈرۈشەتتى. ئەمما ھېلېنا خانفىستايىنگىلغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەر گېلىگە ئامراق ئىدى. ھېلېنانىڭ قارىشىچە، ئۇ قىز “بەكلا جىددى، بەكلا ئەستايىدىل ياخشى قىز” بولۇپ، ھەرگىزمۇ ھېسسىياتچان، نازلىنىپ يۈرىدىغان بىرسى ئەمەس ئىدى. فوتوگرافچى خوفمان، “ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان بىر قىز، ئۇنىڭ ساددا ۋە گۈزەل قىياپىتى، بىغەم مىجەزى ھەممىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالاتتى” دەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنىڭ قىزى بولغان ھېينىتتا ئۇنى “قوپال، راس بىلەن يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان، گەپ تالىشىشقا ئامىراق بىرسى دەپ قارايتتى. شۇنداق دەپ تۇرۇغلۇق يەنە “كىشىنى ھەۋەسلەندۈرگىدەك ئۇماق” بولغان گېلى فۈھرېرنىڭ بىردىن-بىر ئامىرىقى ئىكەنلىكىگىمۇ قەتئىي ئىشىنەتتى. “ئەگەر گېلى سۇ ئۈزمەكچى بولىدىكەن، ھىتلېر بۇنى ھەرقانداق يىغىندىنمۇ مۇھىم ئىش ھېسابلايتتى. بىز بىرلىكتە يىمەكلىكلەر بىلەن لىق تولدۇرۇلغان سىۋەتنى كۆتۈرۈپ كۆل بويىغا كېتەتتۇق.” ئۇ يەردە ھەتتا گېلىمۇ ھىتلېرنى سۇغا چۆمۈلۈشكە ماقۇل قىلالمايتتى. “ھەر قانداق بىر سىياسىيون سۇ ئۈزۈش كۆلىدە قىپ يالىڭاچ رەسىمگە تارتىلىشىنى خالىمايدۇ” دەيتتى ھىتلېر.
ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا 19 ياش پەرق بار بولۇپ، فۈھرېرنىڭ بۇرۇنقى ئاشنىسى مىتزى رېيتېر بىلەن تەڭ دېگىدەك ياشتا ئىدى. مىتزىنىڭ دېيىشىگە قارىغاندا بىر قېتىملىق كۈنلەش نەتىجىسىدە ئۆتكەن يىلى يازدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بولغان. ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئۇسۇلى بەكلا غەلىتە بولۇپ، كىر ئېسىش ئاغامچىسىنىڭ بىر ئۇچىنى ئىشىككە باغلاپ، يەنە بىر ئۇچىنى بوينىغا باغلاپ بۇغۇلۇپ ئۆلمەكچى بولغان. ئۇ ھۇشىدىن كەتكەندىن كېيىن قېينى ئاكىسى (ھەدىسىنىڭ يولدىشى) كىرىپ ئۇنى قۇتقۇزىۋالغان ئىكەن.
گېلى بىلەن بەكلا ئېھتىيات قىلىپ ئويناشلىرى جەريانىدا (ھەرگىزمۇ جىنىسى مۇناسىۋەت دەرىجىسىگىچە كەلمىگەن بولىشى مۇمكىن) قىزغانغان تەرەپ گېلى ئەمەس بەلكى ھىتلېر ئىدى. “بىر كۈنىسى، — دەيدۇ  ھېس خانىم ئەسلەپ، — گېلى كېيىنكى قېتىملىق ’فاشىڭ‘ ئاشۇرۇپ تەنتەنە قىلىش مۇراسىمىدا كىيمەكچى بولغان كىيىمىنىڭ پاسونىنى ھىتلېرغا سىزىپ كۆرسىتىدۇ. “بۇنداق بىر كىيىمنى كەيگىنىڭدىن كۆرە قىپ-يالىڭاچ بولۇپ مۇراسىمغا كىرگىنىڭ ياخشىراق” دەيدۇ ئاچچىقىنى بېسىۋالالمىغان ھالدا،230 ئاندىن دەرھال قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كېلىدىغان كىيىم شەكلىنى سىزىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ كىيىم پاسونىنى كۆرگەن قىز، ھىتلېردىنمۇ بەكرەك ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ دەرھال رەسىمنى ئېلىپ تالاغا يۈگرۈگىنىچە چىقىپ ئىشىكنى جالاققىدە ئېتىۋىتىدۇ. بۇنىڭدىن ھىتلېر قاتتىق مەيۈسلىنىدۇ. يېرىم سائەت كېيىن قىزنى ئىستەپ ئۇمۇ سىرتقا چىقىدۇ.
يېڭى كىتابىنىڭ نەشرىدىن چىقىشى بۇ تۈر لىرىكىلىق ھاياتىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى قىسمەن بولسىمۇ تولۇقلىغان ئىدى. بۇ كىتاب ئۇنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش پەلسەپەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي چۈشەنچىلىرى بىلەن كىشىلىك قاراشلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى ئىدى. مۇنداق قارىماققا، بۇ كىتابتا ئېنىق بىرەر سىستېما كۆرۈنمىسىمۇ، ئۇنىڭ سەزگۈلىرى بەكلا ئەمەلىيەتكە ماس كېلىدۇ دېيىشكە بولاتتى؛ ئۇنىڭ ئۆتكەن 4 يىل مابەينىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى بىلەن سۆھبەتلىرىدىن قارىغاندا، بۇنداق بىر ئىدىيىگە كېلىش ئۈچۈن ئۆز قەلبىنىڭ ئورمانلىقلىرىدا ھارماي-تالماي بىر يول ئېچىپ چىققانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
ماكس ئامانغا يازغان خېتىنىڭ باشتىكى بىر قانچە قۇر سۆزلەردىن قارىغاندا (يەنى “سىياسەت دېگەن شەكىللىنىش جەريانىنىڭ بىر تارىخىدۇر” دېگىنىدىن قارىغاندا)، روشەنكى، ئۇ چوڭ بىر تەۋەككۈلچىلىك يولىغا كىرگەن دېيىشكىمۇ بولاتتى. ھىتلېر بۇ كىتاۋىدا چىقارغان مۇھىم بىر خۇلاسە شۇكى، دارۋىندىن ئالغان چۈشەنچىلىرىنى خاتا ئەمەس دەپ قارايتتى. بۇ قاراشلار ئۇنى ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن ھاياتلىق ماكانى قاراشلىرىنى بىر-بىرسىگە زىچ باغلاشتۇرغانلىقىنى كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىن.
“ھاياتلىق ماكانىنىڭ چەكلىمىسى كىشىلەرنى ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇرلاپ كەلمەكتە؛ شۇنىڭغا قارىماي ھاياتلىق ماكانى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر ئۆمۈر كۈرەش جەريانى يەنە كېلىپ تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.” نەتىجە شۇكى، ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈ تىنجىمايدىغان بىر كۈرەش روي بېرىدۇ. بۇ كۈرەشنىڭ غالىبىيىتى پەقەتلا كەسكىن، قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆزىنى ئىرقى ئۈچۈن، خەلقى ئۈچۈن ۋە قېنىنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن ئاتىيالايدىغان مىللەتكە مەنسۈپ بولىدۇ. ئەگەر ئۆلچەم تۆۋەنلىتىلىدىغانلا بولىدىكەن، ئېسىل قان بىلەن ناچار قان ئارلىشىش ئوتتۇرغا چىقىپ، يوقۇلۇشمۇ بوسۇغىدا دېگەنلىكتۇر. “ئۇ چاغدا، يەھۇدىيلار ھەر تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ، ئىنتېرناتسيونالچى بۇ زەھەر تارقاتقۇچىلار ۋە چىرىتكۈچىلەر پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ بۇ تۈردىكى مىللەتنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلاپ چىرىتىپ تۈگىتىشكە ئاتلىنىدۇ.” مانا بۇ، ھىتلېرنىڭ تۇنجى قېتىم ئەقىدىلىرى ھەققىدە بەرگەن تەپسىلى ئىزاھاتى، شۇنىڭدەك تۇنجى قېتىم ئىرقنىڭ، مىللەتنىڭ ۋە قاننىڭ قىممىتىنى يەھۇدىيلارغا بولغان ئۆچمەنلىك بىلەن يۇغۇرۇپ ئىپادىلىشى ئىدى.
ھىتلېر، «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتابىدا يەھۇدىيلارنى دۇنيا خەلقىنىڭ دۈشمىنى دەپلا ھۇجۇم قىلغان، شۇنىڭدەك شەرققە يۈرۈش قىلىپ ھاياتلىق ماكانىغا ئېرىشىشنىڭ غايىسىنى كۈچلۈك تۈردە بايان قىلىنغان ئىدى. ئەندى ئۇ، يېڭى كىتابىدا ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە كىشىلىك قاراشلىرىنىڭ يىپ ئۇچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئىزچىل بىر يېڭى ئىدىيىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن (گەرچە بۇرمىلانغان تىنچلىق قىزغىنلىقى بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ) تەييارلىق قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ قاراشلىرىنى يېڭى كىتابىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بەتلىرىدىلا بايان قىلىپ پۈتتۈرەلەيدۇ. “مېنىڭ ۋەزىپەم بۇ يەردە يەھۇدىيلار مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەمەس” دەيدۇ ئۇ سىناق نەزىرى بىلەن. “يەھۇدىيلاردا بىر تۈرلۈك تۇغما ئالاھىدىلىك بار بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىك يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرنى بىر-بىرسىدىن ئايرىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.” ئۇلار ھەرگىزمۇ “بەلگىلىك چېگرالىرى بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئايرىم دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان بىر مىللەت ئەمەس. يەھۇدىيلار ئىشلەپچىقىرىشقا تايىنىدىغان ئەمەس بەلكى تەييارتاپ بولۇپ ياشايدىغان بىر خەلق” دەيدۇ. ھىتلېر بۇ گەپلەرنى بۇنىڭدىنمۇ شىددەتلىك تىللاردا نۇرغۇن قېتىم تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بۇ يەردە ئۇ تۇيۇقسىزلا يېڭىچە بىر پىكىرگە كەلگەن. “ھەر قانداق بىر مىللەتتە ئۆزىنى ساقلاش تۇغما ھەۋىسى بولىدۇ. ئۇلار ئەنە شۇ قىزغىنلىقتىن ھەرىكەت كۈچى ئالىدۇ. بۇنداق قىزغىنلىق شۇ مىللەتنىڭ يەر يۈزىدىكى بارلىق ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پوتېنسىيال ئېنېرگىيىسى ھېسابلىنىدۇ. يەھۇدىيلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.”
قىزىق يېرى، ھىتلېر بۇ تۈردىكى ئۇرۇش پۇرىقى بولمىغان سۆزلەردىن ئىزچىل تۈردە پايدىلىنىدۇ. ئۇ «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتابىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: يەھۇدىيلارمۇ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆلۈم-كۆرۈم كۈرىشى جەريانىدا باشقا بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش ئەنە شۇ ئىچكى ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە ھەرىكەت قىلىدۇ؛ باشقىلاردىن تۈپكى پەرقى، يەھۇدىيلارنىڭ مەقسەتلىرى باشقا دەپ قارايدۇ. بۇ يەرگە كەلگەندە ھىتلېر گېپىنى دەرھال ئۆزگەرتىدۇ. “يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىدى بارلىق مىللەتلەرنىڭ سۈپىتىنى بۇزۇشقا تايىنىپ دۇنيانى مىللەتسىزلەشتۈرۈش، ئالى دەرىجىلىك مىللەتلەرنىڭ ئىرق سەۋىيىسىنى تۈۋەنلەشتۈرۈش، شۇنىڭدەك مەلۇم بىر مىللەتنىڭ زىيالىلار قاتلىمىنى يوقۇتۇپ تاشلاش،231 ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورنىنى سۈپەتسىز كىشىلەر ئۇرۇقى بىلەن ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ زاغۇن مىللەتلەرگە ھۈكۈمرانلىق قىلىش مەقسىدىگە يېتىشنى كۆزلەيدۇ.” ئۇ نىسبەتەن سوغۇققانلىق بىلەن سۆزلەپ كېلىپ، ئۇلاردا ئەنە شۇنداق مۇددا بولغانلىقى سەۋەبىدىن، يەھۇدىيلار ئىنسانىيەت ئۈچۈن تەھدىت ھالىغا كەلمەكتە دەيدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى دۇنيانى بوي سۇندۇرۇش بولغانىكەن، ئۇ ھالدا ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى كۈرىشىنى ھەرگىزمۇ نۇقۇل گېرمانىيە ئۈچۈنلا قانات يايدۇرىلىدىغان كۈرەش بولماي، ئەسلىدە بۇ كۈرەش پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ مەنپەتىنى كۆزلەيدىغانر كۈرەش دەپ خۇلاسىلايدۇ.
1928-يىلى يازدا، ھىتلېر ئاخىرى شۇنى تونۇپ يېتىدۇكى، ئۇنىڭ ئەڭ زۆرۈر بولۇپ تۇرىۋاتقان چۈشەنچىسى، يەنى يەھۇدىيلاردىن كېلىدىغان خەۋىپ بىلەن گېرمانىيىنىڭ نىسبەتەن كەڭرى ھاياتلىق ماكانىغا بولغان ئېھتىياجى ئەسلىدە بىر پۈتۈن نەرسە ھېساپلىناتتى. ئەگەر ئىنتايىن مۇھىم بولغان ھاياتلىق ماكانىغا ئېرىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنمايدىكەن، ئىمپىرىيە يىمىرىلىپ يوقۇلىدۇ؛ ئەگەر يەھۇدىي تەھدىتى يوق قىلىنمايدىكەن، ھاياتلىق ماكانى ئۈچۈن كۈرەشتىن، مەدەنىيەتتىنمۇ ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، نەتىجىدە مىللەتمۇ چىرىپ يوقىلىدۇ دەپ قارايدۇ.
بەلكىم ھىتلېرنىڭ قويىۋالغان ئاخىرقى چېكى مانا بۇ نوقتىنى ئۆلچەم قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان بولىشى ئېھتىمال. بۇ يەنە كېلىپ ھىتلېرنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ جەۋھىرى ئىدى.  شۇنداق قىلىپ، ھىتلېر شەرقتە يېڭى ھاياتلىق ماكانىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە يەھۇدىيلارنى يوقۇتۇش دەيدىغان ئېغىر ئىككى ئىشقا دۈچ كېلىدۇ. بۇرۇن بىر-بىرسىگە مۇناسىۋەتسىز ئايرىم ئىشلار، شۇنىڭدەك تەڭ ئېلىپ بېرىلىشىمۇ زۆرۈر بولمىغان بۇ ئىككى تۈرلۈك يول، ئەندىلىكتە بىرلا يول ھالىغا كەلتۈرۈپ بىرلەشتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ئىش خۇددى ھىتلېرنىڭ بىر قانچە ئايدىن بېرى ئوبېرسالزبۇرگتىكى داچىسىدا ئالدىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر  جۈپ چوققىغىلا ئوخشايتتى: بۇ ئىككى تاغ چوققىسىغا بىرلا ۋاقىتتا چىقىشنى خىيال قىلىپ كېلىۋاتقاندەك، ئەندىلىكتە بولسا بۇ ئىككى چوققىغا چىقىش يولىنىڭ ئەسلىدە بىرلا يول ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ! شۇنداق قىلىپ ئۇ، پارلاق بىر يولنى كۆرمەكتە ئىدى. ھىتلېردىن بۇرۇنقى يەھۇدىيلارغا قارشى ئۇستازلاردىن مارتىن لۇتېر قاتارلىقلار بولسا يەھۇدىيلارنى يوقۇتايلى دەپ ئېغىزىدىلا دەپ قويىشاتتى. بۈگۈنكى كۈندە قولىدا كەلگۈسى يول خەرىتىسى بولغان ھىتلېر، ئۆلارنىڭ بۇ خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، يەنى ئىككىنچى ھاماندىنمۇ ئۇلۇغ جاللاتقا ئايلىنىش ئارزۇسىدا ئىدى!
ھىتلېر ئۆزىمۇ نەشرى قىلىشنى چەكلىۋەتكەن بۇ يېڭى كىتابى، كېيىنچە “ھىتلېرنىڭ مەخپى ئەسىرى” دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن 32 يىل كېيىن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا چىقىدۇ. بەلكىم، بۇ كىتاۋىنى بەكلا سىرلىق كۆرۈپ، چوقۇنغۇچىلىرىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ دەپ قارىسا كېرەك. مۇرەككەب چۈشىنىدىغانلار ئۈچۈن بۇ كىتاب يەنە بەكلا ئاشكارە يېزىلغان دەپ قارىسا كېرەك؛ ياكى بولمىسا بۇ كىتابىنىڭ قۇرلىرى ئىچىگە يوشۇرۇنغان كەڭ كۆلەمدە يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈش پىلانىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بولسا كېرەك. بۇ كىتابنىڭ قۇرلىرى ئارىسىدىن پەس ئىرق ئىنسانلىرىنى يوقۇتۇش ئارزۇسىنىڭ يىپ ئۇچلىرىمۇ ئۇچرايتتى. بۇ كىتابنىڭ پۈتۈن بەتلىرى مەقسەتنى ئاشىكارىلايدىغان مەزمۇنلار بىلەن تولغان دەپ قارايدىغانلار “يەھۇدىيلار خەلقئارالىق زەھەر تارقىتىشنىڭ ۋە ئىرقلارنى چىرىتىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇستىلىرى” ھەمدە “جىنايى تىنچلىقپەرۋەرلىك زەھەرلىك ئوغوت سۈيى بىلەن ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشقا جاسارەت كۆرسىتىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلىگۈچىلەر” دېگەننى تەرغىپ قىلىدىغان كىشىلەر بولىشى مۇمكىن. ئۇ يەنە روسىيەمۇ “ۋىرۇس” يېتىشتۈرمەكتە، ئۇلار، گېرمانىيىدىكى قىستا-قىستاڭ ئىشچىلار رايونى (ھاياتلىق ماكانىنىڭ يېتەرسىزلىكىنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتى) “دۆلەت بەدىنىدىكى بىر يىرىڭلىق ئۆسمە”، “قان بۇلغىنىشى بىلەن ئىرق سۈپىتىنىڭ ناچارلاشتۇرۇشنىڭ، ئىرق سۈپىتىنى تۈۋەنلەشتۈرۈشنىڭ ئۇۋىسى. شۇنداق بولغاچقا بۇ تۈر يىرىڭلىق ئۆسمىلەرنىڭ مەركىزىدە خەلقئارالىق يەھۇدىي ئىرق پارازىتلىرى كۆپۈيۈپ بارماقتا، ئاخىرى بىر كۈنى تېخىمۇ ئىلگىرلەپ بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىدۇ” دەيدۇ.
كىتابتا يەھۇدىيلارنىڭ زەھەر تارقىتىپ چىرىتىش بىلەن شوغۇللانغانلىق ۋەھىمىسى، ئىككى يەردە شەخسىيىتىگە زەربە بېرىش شەكلىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇ، 1918-يىلى ئئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمىنى ئىمزالىغان رەزىل ئېرزبېرگېرنى خاتا ھالدا “يەھۇدىي خوجايىن بىلەن قىز دىدەكتىن تۇغۇلغان ھارامزەدە” دەپ قارىغان. بەلكىم ئۇ، ئېرزبېرگېرنىڭ ئاتىسىنى دېمەكچى بولسا كېرەك. “ئەگەر بىرسىدە راك ئۆسمىسى پەيدا بولغان، ھەمدە ئۆلىدىغانلىقى مۇقىملىشىپ بولغان بولسا، ئۇنى ئاپاراتسىيە قىلغاننىڭمۇ  پايدىسى يوق. چۇنكى بۇنداق ئاپاراتسىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى بەكلا تۆۋەن” دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق دەپ يېزىشىدا، چوقۇم كۆڭلىدە ئاپىسىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقانلىقىدىن بولىشى مۇمكىن.
ھىتلېر، بەلكىم ئاتىسىنىڭ قىسمەن يەھۇدىي قېنى ئارلىشىپ قالغان بىرسى بولۇش ئېھتىمالىدىن ئەنسىرەش (بۇمۇ بەلكىم ئۇنىڭ بالا تېپىشتىن قېچىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللاردىن بىرى بولىشىمۇ مۇمكىن)، ئاپىسىنىڭ ئېچىنىشلىق بىر شەكىلدە راك كېسىلىدىن ئۆلۈپ كېتىشى ئۇنىڭ قەلبىنى مۇجۇپ ئازابلاب كېلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ نەپرىتىنى ۋە ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشىمۇ مۇمكىن. شۇنىڭدەك يەنە ئاپىسىنى داۋالىغان يەھۇدىي دوختۇرغا بولغان مۇرەككەپ تۇيغۇلىرىمۇ، يەنى ئۇنىڭ ماقۇللىقى ئاستىدا ئۇ دوختۇر يودىدتىن پايدىلىنىپ ئۇنى قاتتىق ئازاپ ئىچىدە قالدۇرۇپ داۋالىغانلىقى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىمۇ، “ھىتلېرنىڭ ئېلان قىلىنمىغان مەخپى كىتابى” غا سىڭدۈرۈلگەن بولىشى مۇمكىن. ئۇ، بۇ كىتابىنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي روھى كېسەللىكلەر دوختۇرىغا كۆرۈنگەن. بەلكىم بۇ بىر مۇنداقلا توغرا كېلىپ قېلىش بولىشىمۇ مۇمكىن. ھىتلېر، ميۇنخېندىكى بىر پارتىيىلىكنى، يەنى دوختۇر ئالفېرد شۋېنىنگېنى تېپىپ كېلىپ، كاللىسىدىكى “راك كېسىلى قورقۇنچىسى” نى چىقىرىپ تاشلىشىنى تەلەپ قىلغان. بىز بۈگۈن بۇ ۋەقەنى ئىسپاتلايدىغان داۋالاش خاتىرىسىنى تاپالمىدۇق. شۇنداقتىمۇ بۇ روھى كېسەللىكلەر دوختۇرى ھىتلېردىكى جىنايەت ئىشلەشنى مەقسەت قىلىدىغان روھى ھالىتىنى مىڭىسىدسىن تازىلىۋېتىپ كېيىنكى ھىتلېرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن داۋالاش ئېلىپ بېرىشنىڭ قىممەتلىك پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان. ئۇ دوختۇر بەرىبىر ھىتلېردىكى راك كېسىلىدىن قورقۇش ھېسسىياتىنىمۇ يوق قىلالمىغان. نەتىجىدە، راك كېسىلىدىن قورقۇش ھېسسىياتى بىلەن يەھۇدىيلارنى يوقۇتۇش دەيدىغان بۇ ئەقىدە، ھىتلېرغا ئۆمۈربويى ھەمراھ بولىدۇ.232


9. تۇققىنىنىڭ ئۆلۈمى
1928-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە233

1

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-24 23:18:10 | ئايرىم كۆرۈش

9. تۇققىنىنىڭ ئۆلۈمى
1928-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە233

1
ھىتلېرنىڭ يېڭى كۆزقاراشلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسىنى دەسلەپتە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. بېرلىندا، جۇسېف گيوبېلس يېقىن كۈنلەردىكى سايلام رىقابىتىدە يېڭىلگىنىدىن كېيىن پۈتۈن كۈچىنى پارتىيىنى قايتا گۈللەندۈرۈش ئىشىغا سەرىپ قىلىدۇ. 1928-يىلى يازدا، «ھۇجۇم» دا كەينى كەينىدىن ئۈچ پارچە ماقالە ئېلان قىىپ سولچىلارنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن ئىشچىلارغا ياخشىچاق بولۇشقا تىرىشىدۇ. ئۇ ماقالىسىدا كومپارتىيە تىلىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ مۇنداق دەيدۇ: كاپىتالىزىم جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان ئىشچىلارنى ”تىرىك ئادەم دەپ قاراش مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار ياراتقۇچى كۈچ بولۇشتىن مەھرۇم، ئىجادىي قابىلىيىتىنى يوقاتقان بىر خەلق ھالىغا كەلتۈرۈلگەن. يەنى ئۇلار بىر ماشىنىغا، جەدۋەلدىكى رەت نومۇرلىرىغا، ھېسسىيات ياكى غايە دېگەننى بىلمەيدىغان زاۋۇد ماشىنىلىرىنىڭ خىزمەتكارىغا ئايلاندۇرۇلغان.“ ئىشچىلارنى پەقەت مىللى سوتسىيالىزملا ئابرويغا، ئىناۋەتكە ئىگە قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلالايدۇ. گيوبېلس، بۇ تۈر نۇتۇقلىرىغا تايىنىپ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ستراسسېرنىڭ شىمالدىكى ئىشچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان مۇھىم ئادەم ئورنىغا ئۆتىۋالىدۇ. نەتىجىدە، فۈھرېر ئۈچۈن سىياسىي رىقابەتچىدىن بىرىنى يوقۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ. ھىتلېرمۇ گيوبېلىسنىڭ بۇ تۈردىكى پائالىيەتلىرىدىن رازى بولۇپ، ئۇنىڭ تەرغىپ قىلىۋاتقان سوتسىيالىزم يولىنى ماقۇللاپ «ھۇجۇم» ژورنىلىنى يېرىم ئايلىق ژۇرنالغا ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە بۇ باش مۇھەررىرنى پارتىيىنىڭ تەشۋىقات بىيروسىنىڭ باشلىقى قىلىپ بەلگىلەيدۇ.
ھىتلېر، بەزىدە سىياسىي جەھەتتە كىشىلەرنى كەچۈرىۋېتەلەيتتى. ئەگەر بۇرۇنقى رىقابەتچىلىرى تۆۋە قىلىپ ئۆزگەرگىدەكلا بولىدىكەن، فۈھرېر ئۇلارنى ھەتتا مۇكاپاتلاشقىمۇ تەييار ئىدى. مەسئولىيەتنى كاپىتال ئورنىدا پايدىلىنىش ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئىدى. ھىتلېر، گرېگور ستراسسېرنىڭ مىللى سوتسىيالىزمنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش پىلانىنى تارمار كەلتۈرىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى پارتىيىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا مەسئۇل قىلىپ بېكىتىدۇ. ستراسسېرمۇ بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تېزگىنلەش ھوقۇقىنى ئوڭۇشلۇق تۈردە بىر يەرگە توپلاپ ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەڭ ھوقۇقلۇق ئادەملىرىدىن بىرسىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ يەنە گيوبېلىس بىلەن بىرگە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، يىل ئاخىرىغا كەلگىچە پارتىيە ئەزا سانىنى كۆپەيتىپ يۈز مىڭ كىشى ئەتراپىغا يەتكۈزىدۇ.234
ھىتلېر، شىمالدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ تۈردىكى نەتىجىلەرنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن 1928-يىلى 16-نويابىردا بېرلىنغا بارىدۇ. ئۇ يەردە ستادىيومدا مىللەت ۋە دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ. قىزىللارنىڭ مىتىنگ  مەيدانىنى قالايماقان قىلىش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتقان ھىتلېر، ئۆزىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدۇ، ئۇنىڭ قوغدىغۇچى ئەترىتى،يەنى پارتىيە گۇۋاردىيىسى تاللانغان ياشلاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. بۇ ياشلارنىڭ يېشى 18 بىلەن 20 ياش ئارىسىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا فۈھرېرىنى جان تىكىپ قوغدايدىغان يىگىتلەردىن ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە پارتىيە گۇۋاردىيە قوشۇنى، يەنى قىسقارتىپ ئېس-ئېسچىلار (SS) دەپ ئاتىشىدۇ. ستادىيومغا ئون مىڭدەك ئادەم يىغىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھىتلېرنىڭ نۇتۇقلىرىنى نەق مەيدا پەقەتلا ئاڭلاپ باقمىغانلار ئىدى. يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىكروفون جاھازىلىرىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن دەسلىۋىدە ھىتلېرنىڭ سۆزلىرى دېگەندەك تەسىر قوزغىيالمايدۇ. مەسىلەن، زالنىڭ كەينى تەرىپىدە تۇرغان ئەنگىلىيىلىك مۇخبېر سېفتون دېلمېر، ھىتلېرنىڭ نېمە دەپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى زادىلا ئېنىق ئاڭلىيالمايدۇ. بۇ مۇخبىر، ھىتلېرنىڭ نېمىسلارغا ئاپلىسىن يىمەسلىكى توغرىلىق تەۋىسىيە قىلىۋاتقانلىقىنىلا ئاڭقىرالايدۇ. ئۇ خاتىرە دەپتىرىگە ”بۇ ئادەم نەق تەلۋىنىڭ ئۆزى“ دېگەن سۆزنى يېزىپ بولۇپلا زالدىن ئايرىلىدۇ. كاناي ئاۋازىنىڭ غىجىلدىشى قۇلاقنى يارغۇدەك كۈچلۈك بولغاچقا، ھىتلېر ئامال يوق مىكروفوننى ئېتىپ قويۇپ ۋارقىراپ تۇرۇپ نۇتۇق سۆزلەشكە كىرىشىدۇ. بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن، ئۇ قىزىللارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ۋارقىراشلىرىنى تىنجىتىپ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى پۈتۈنلەي تېزگىنى ئاستىغا ئېلىۋالىدۇ. ”ئەگەر كىمدە-كىم نېمىس خەلقى ئالدىدا مۇشتۇمىنى ئوينىتىشقا ئۇرۇنىدىكەن، بىز ئۇ كىشىنى ئۆز قېرىنداشلىرىمىز سېپىغا مەجبۇرى قوشىۋالىمىز“ دەيدۇ ھىتلېر. شۇنىڭغا ئۇلاپلا مىللى چۈشكۈنلىشىش دېگەن بۇ رەزىللىك ھەققىدە توختىلدۇ. ”ئۇلۇغ بىر دۆلەت مىللىتىنىڭ سۈپىتى چۈشۈش دولقۇنى رەسمى باشلاندى. ئۇنىڭ قېنىلا ئەمەس، ھەتتا مەدەنىيىتى بىلەن ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ زەنگىلىشىشى تېزلىكتە كۈچىيىپ بارماقتا. دۇنيا سۈپەتسىز ئادەملەر بىلەن تولۇشقا باشلىدى. كىشىلىك قىممەتلەر تۈۋەنلىمەكتە؛ ئاممىۋىي قاراشلار كۆرۈنەرلىك تۈردە ئۇلۇغ داھىلارنىڭ ئىدىيىلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىشكە باشلاپ، كىمنىڭ ئادىمى كۆپ بولسا ئۇنى تەڭرى دەپ تونۇيدىغان خاھىش يامرىماقتا.“
ھىتلېر بوغۇزىنىڭ قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بىر سائەتتىن بېرى ئۇ كۈچەپ ۋاقىراپ سۆزلەۋېرىپ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ”تۇرغان يېرىدە يېقىلىپ چۈشىدىغاندەكلا ھېس قىلغاچقا،“ دەرھال نۇتقىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ”بىز سان ئۈستۈنلۈكى دېگەننى قوبۇل قىلمايمىز، بىز ئادەتتىكى ئاممىنىڭ ھېسسىياتلىق سۆزلىرىنىمۇ قوبۇل قىلالمايمىز؛ بىز، سۈپەتلىك ئادەملەرنىڭ ھۆكۈمەتنى قولغا ئېلىشىنىلا تەرغىپ قىلىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىمىز. سايلامغا قاتنىشىپ ئاۋاز بېرىش بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ھېچ قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن. بۇنداقلاردىن ئارىمىزدىلا يۈزمىڭلارچىسى بار. ئەمما داھىدىن ئىبارەت بىرلا كىشىنىڭ نوپۇزىنى تىكلەش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يۈز مىڭ كىشىمۇ شۇنى بىلىدۇكى، دېموكراتىيە دېگەن نەرسە ئەسلىدە پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق.“ بۇ سۆزلەر ماددىغا قىزىقىشنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىۋېلىشىنى تەرغىپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ”ھىتلېر نۇتۇق سۆزلەۋاتقىنىدا، — دەيدۇ گيوبېلىس ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى نۇتقىنى باھالاپ كېلىپ، — ئۇنىڭ سۆزلىرى ماگنىتنىڭ تۆمۈرنى ئۆزىگە تارتقىنىدەك رول ئويناپ، بارلىق قارشىلىق كۆرسىتىشلەر پۈتۈنلەي تارمار بولۇپ كەتتى. كىشىلەر بىر بولسا ئۇنىڭ دوستىغا ئايلاندى ياكى ئۇنىڭ دۈشمىنىگە. … ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ سىرى شۇ يەردىكى، ئۇ مىللى سوتسىيالىزم ھەرىكىتىگە ۋە شۇ ئارقىلىق گېرمانىيىگە بولغان ساداقىتىكە ئىشىنەتتى.“
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدە ستۇدېنتلار بىلەن ئۆتكەزگەن بىر قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا، ئامېرىكىلىق ژورنالىست لوۋئىس لوچنېرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئەھۋالنى ھېس قىلىدۇ. ”مېنىڭ ھىتلېرغا قارىتا تۇنجى قېتىملىق تەسىراتىم، ئۇنىڭ ئىنتايىن پاراسەتلىك بىر ناتىق ئىكەنلىكى ئىدى. سىنئالغۇ ئاپاراتى ئۇنىڭغا توغرىلانغىنىدا، خۇددى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاپارات يوقتەك ئۇنىڭ كەينىدىن سوڭدۇشۇپلا يۈرگەن رۇدولف ھېس بىلەن ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلىشىپ ئولتارغانلىق قىياپىتىنى ئىپادىلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى پەملىدىم. ئاپاراتنىڭ تارتىشىغا ماسلىشىپ خۇددى بېرىلىپ نۇتۇق تېزىسى يېزىۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىپ قەلىمىنى ئوينىتاتتى. ئۇنىڭ بۇنداق رول ئوينىشى ھەقىقەتەنمۇ بىر ماھارەت ئىدى. — دەيدۇ. ھىتلېرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۈزىتىپ تۇرغان لوچنېر، ھىتلېرنىڭ ياش ئېتىقاتچىلىرى خۇددى ھۇشىسىزلانغاندەك ئۇنىڭ گېپىنى بىرىلىپ تىڭشايتتى. — يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلغان ۋاقتىمدا كۆڭلۈمگە مۇنداق پىكىرلەر كەلدى: بۇ ئادەمنىڭ نۇتۇقلىرى ئۇنچىۋالامۇ مۇكەممەل ھېسابلىنىپ كەتمەيدىكەن. ئۇ ھە دىسىلا تىنماي ئاشۇرۇپ چوڭ گەپ قىلىپلا تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ گەپلىرى مەردانە ۋە جوشقۇن، ھەمدە بەكلا ئىشەنچ بىلەن سۆزلەيدىكەن. ھەيرانمەن، ئۇ، بۇ ياش زىيالىلارنى قانداقلارچىسىغا ئۆزىگە شۇنچە بەك قارىتىۋالالىدى؟ ئويلايمەنكى بۇنچە كۆپ كىشى ئارىسىدا ئۇنىڭ مەنتىقە جەھەتتىكى ئېغىر كامچىلىقلىرىنى سېزەلەيدىغان بىرەرسى چوقۇم چىقىشى كېرەك.“235
ھىتلېرنىڭ سۆزلىرىدىن مەس بولۇپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغان بۇ ياش زىيالىلار ئارىسىدا ئالبېرت سپېر دېگەن بىرسىمۇ بار ئىدى. بۇ ياش سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ھىتلېرنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىشنى بەك خالاپ كەتمىگەن بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چىڭ تۇرۇپ يالۋۇرۇشى بىلەن ئىلاجىسىز قاتنىشىپ قالغان ئىدى. سپېر، ھىتلېرنى بۇ سۆھبەت يىغىنىغا ھەربىچە كىيىنىپ بىلىكىگە كرىست بەلگىلىك يەڭلىك تاقاپ كېلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان ئىدى. ”ئەمما ئۇ ئۇچىسىغا كۆك رەڭلىك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن، رەسمى بىر مۇتىۋەر قىياپىتىدە ياسىنىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ بارلىق دېگەنلىرىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدىكى، بۇ ئادەم كىشىگە كۈيۈنۈشنى بىلىدىغان، شۇنىڭدەك كەمتەر ۋە يېقىملىق بىرسى ئىكەن.“ سپېر ئۇنىڭ نۇتۇقلىرىنىڭ خۇددى بىر تارىخ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرس سۆزلىگىنىدەك دېگەندەك راۋان ئەمەسلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۇنچىۋالامۇ جەسسۇر ئەمەسلىكىنى سېزىدۇ. ”مېنىڭچە، ئۇنىڭدا بەزى جەلىپ قىلارلىق نوقتىلارمۇ يوق ئەمەس. يەنى بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز دېيىشكە بولمايدىكەن. مەسىلەن ئۇنىڭ ئۆكتىچىلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدىكى ھىتلېر بىر ھىستېرىيە خاراكتېرىدىكى كۈشكۈرتكۈچى، نۇتۇق سۆزلىسە ۋارقىراپ-جارقىراپ، قول پۇتلىرىمۇ جىم تۇرماي ھەركەتلىنىپ سۆزلەپ كېتىدىغان ئەسەبىي ھەربى ئادەم، نۇتقىنى ئاڭلىغۇچىلاردىن ياڭرىغان ئالقىش سادالىرىدىن كاللىسى قىزىپ كېتىدۇ دېگەنلىرى بىر ھېسابتا راست ئىدى.“ ھىتلېرنىڭ قورقۇنچاقلىق مىجەزى يوقالغىنىدىن كېيىن، ئۇنىڭ نۇتقى كىشىلەرنى جەلىپ قىلىپ قايىل قىلىشچانلىقىمۇ ئارتىشقا باشلىغانلىقىنى سېزىدۇ. سپېرمۇ خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش ۋۇجۇدى ھاياجاندىن قىزىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ ھىتلېرنىڭ نۇتقى ئىچىگە چۆكۈپلا كەتكەن ئىدى. ”شۇندىن كېيىن، مەندىكى ئۇنىڭ توغرىلىق پۈتۈن گۇمانلىرىم پاك-پاكىزە سۈپۈرۈپ تاشلاندى“ دەيدۇ سپېر.

2
ئەگەر پارتىيىنىڭ ئىش ئۆنۈمى يوقىرى كۆتۈرۈلمىگەن بولسا ئىدى، ھىتلېرنىڭ ئۇسلۇبلىرىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتەلىشى ناتايىن ئىدى. مۇنداق قارىماققا، 1929-يىلى نىيۇرېنبېرگ پارتىيە قۇرۇلتىيى پارتىيىنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كۆرسەتكەندەك، يەنە كېلىپ فۈھرېر ۋە ئۇنىڭ غايىسى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغانلىقىنىڭ ھېسسى جەھەتتىكى بىر ئىسپاتى دېيىشكىمۇ بولاتتى. شۇنداقتىمۇ، ئىجرائىيە يىغىنلىرىدا پارتىيە تەشكىللىرىنى يەنىلا تېزگىنلەش زۆرۈر ئىدى. شۇ يىلى كۈزدە ھىتلېر سىتۇدېنتلار بىلەن بۇرجۇئازىيەنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئادەملىرىنى پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرىغا قوبۇل قىلىشقا تايىنىپ گېرمانىيە ئوتتۇرا بۇرجۇئازىيىسىنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەتلىك شەكىلدە رەھبەرلىك ئورگانلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. گيوبېلس بىلەن ستراسسېرلارغا ئىشچىلار سىنىپىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يول قويۇش بىلەن بىرگە، ھىتلېر زىھنىنى پىشقەدەم ئەسكەرلەر بىلەن كاپىتالىست-سودىگەرلەر ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. چۇنكى ئۇ، بۇ تۈر كىشىلەرنىڭ ھىمايىسى بولماي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ تەختكە چىقالماسلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ قىلغان بىرىنچى ئىشى ھەقىقەتەنمۇ قىزىق: ئۇ ئاشكارە تۈردە رادىكال مىللەتچى كونا ھەربىيلەر بىلەن، يەنى مىس قالپاقلىقلار پولكى بىلەن ئوڭچىل گېرمانىيە مىللەتچى خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، گېرمانىيە كىنوچىلىق ۋە مەتبۇئاتچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەم بولغان ئالفرېد خۇگېنبېرگ بىلەن بىرلىشىپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلەشكە دائىر سېخىلىك بىلەن ئوتتۇرغا قويغان يېڭى لايىھىسى (يەنى ”ياشلار پىلانى“) نى قوبۇل قىلىشقا قارشى چىقىدۇ. بىر قارىماققا، ھىتلېرنىڭ ماڭغان بۇ ئۇرۇقى سولچىلارنىڭ بارلىق يېڭى ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش يولىغا باشلاپ كېتىدىغاندەكلا كۆرۈنەتتى. ئەمما ئۇ، ھەر ئىككىلا تەرەپنى قولىدا تۇتۇپ تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، پات يېقىندا يېتىپ كېلىدىغان ”ياشلار پىلانى“ نى ماقۇللاش ھەققىدىكى ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش كۈنىدە ئۇتۇق قازىنىشنى ئۈمىد قىلىپ بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمىنىڭ توغرا بىر ھۆكۈم ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىنىدىغانلىقىغىمۇ ئىشەنچى كامىل ئىدى.
بۇ جەرياندا، ھىتلېر ۋە ئۇنىڭ پارتىيىسى سانائەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئورناتقان بۇ ھەمكارلىق ”نىكاھى “ دىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىنمۇ بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتاتتى. ھىتلېر بېيننېرس كوچىسىدىن ئۈچ قەۋەتلىك بىر بىنانى، يەنى ”بارلوۋ سارىيى“ نى سېتىۋېلىپ پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك مەركەزى شىتابى قىلىۋالىدۇ؛ سىنتەبىر باشلىرىدا ئاۋارە راھىپلاردەك ياشىغان ئۆيىدىن ئىسار دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقى بويىدىكى ميۇنخېننىڭ ئەڭ مودا مەھەللىسىگە كۆچۈپ بېرىۋالىدۇ. بۇ يەردىكى ئۆيىنىڭ جەمئى 9 ئېغىز ئۆيى بار بولۇپ، بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىلا ئىككىنچى قەۋەتتە ئىدى. بۇ ئۆي پرىنزرېگېن مەيدانى 16-نومۇرلۇق ئادرىستا ئىدى.236 ئۇ يەنە تېيرش كوچىسىدىكى ئۆي خوجايىنى لېيچېرت خانىم بىلەن ئاپىسى داچس خانىمنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېلىۋالىدۇ.
ھىتلېرنىڭ ھەدىسى ئانگېلا بولسا بېرچتېسگادېندىكى ئۆيگە قاراپ قالغان ئىدى (ئەندى ئۇ، بۇ ئۆي-جاينىڭ مۈلۈكدارىغا ئايلانغان ئىدى)، ئەمما ئۇ، قىزى گېلىنى ”ئادولف“ تاغىسىنىڭ يېڭى ئۆيىدە تۇرۇشقا ماقۇل بولىدۇ (بۇ قىزىمۇ 21 ياشلىق بىر قىزغا ئايلانغان بولۇپ، ميۇنخېندا مىدىتسىنا كەسىپىدە ئوقۇيتتى). ھىتلېرنىڭ گېلىغا بولغان مىھرى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ مۇناسىۋىتىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ. بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا تاغىلىق رولىنى ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇچۇق-ئاشكارە ئىشپەش تارتىپ يۈرەتتى. شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلاتتى. بەزىدە ئۇ ئىككىسى ئاشكارە ھالدا تىياتىرخانىلاردا ياكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھېك رېستۇرانتىدا كۆزگە چېلىقىپمۇ قالاتتى. بۇ رېستۇرانت،  ھىتلېرنىڭ ئاخشاملىرى دوستلىرى بىلەن يىغىلىپ يىغىن ئېچىپ ئولتۇرىدىغان بىر يەر ئىدى.
خانفىستايىنگىلنىڭ دېيىشىچە، ھىتلېر گېلىغا شۇنچە ئامىراق ئىدىكى ”ھەر دائىم ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوڭدىشىپلا يۈرەرمىش، كۆزلىرىدىنمۇ ئاشق ئۇچقۇنلىرى پارلاپ تۇرارمىش. ئۇ ئۆزىنى رەسمى ئاشق بولۇپ قالغاندەك كۆرسىتىشكە تىرىشاتتىكەن.“ گىلىمۇ ھىتلېرنى ئۆزى بىلەن بىرگە بازار ئايلىنىپ كېلىشكە قىزىقتۇرۇشقا تىرىشىدىكەن. ھىتلېر خوفمانغا ئېتراپ قىلىپ مۇنداق دەپ دەرد تۆككەن: ”مەن گېلىنىڭ بىردەم قالپاقلارنى، بىردەم ئاياقلارنى كىيىپ سىناشلىرىدىن، قاتلام-قاتلام رەختلەرنى تاللىشىدىن زىرىكتىم. ئۇ ھەتتا ئايال پىركازچىكلار بىلەن يېرىم سائەتتەك رەسمى مۇڭدىشىپ كېتىدۇ. ئاندىن كۆڭلۈمگە ياقمىدى دەپ دۇكاندىن قۇرۇق قول قايتىپ چىقىدۇ.“ ھىتلېر ھەر قېتىم سودا قىلغىلى چىققىنىدا مۇشۇنداق ئىش بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇغلۇق يەنىلا ”ھەر قېتىم يۇۋاش قوزىدەك كەينىدىن ئەگىشىپلا يۈرەتتى.“
شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ھىتلېر يەنە بىر تەرەپتىن ئىنتايىن چىڭ تۇتىدىغان تاغا ھېسابلىناتتى. ئۇ، تۇغۇلۇشىدىنلا شوخ، جىم تۇرمايدىغان بۇ قىزنىڭ ئىجتىمائى پائالىيەتلىرىنى بۇ تۈر رېستۇران بىلەن مېھمانخانا، پىۋىخانا ئارىسىدىلا چەكلەپ تۇتۇشقا تىرىشاتتى. بەزىدە ئۇنىڭ تىياتىر كۆرۈشىگىمۇ يول قوياتتى. بۇ قىزنىڭ چىڭ تۇرۇپ يالۋۇرۇشى نەتىجىسىدە بەزىدە ئۇنىڭ تۆۋبە قىلىش مۇراسىم كۈنى ئۇسۇل ئوينىشىغىمۇ ماقۇل بولاتتى. ئەمما بۇنىڭمۇ قاتتىق شەرتى بار ئىدى: ئۇ چوقۇم ماكس ئامان بىلەن خوفمان ئىككىسىنىڭ ھەمرالىقىدا بېرىشى، چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، يەنى كەچ سائەت 11 دىن بۇرۇن قايتىپ كېلىشى شەرت ئىدى. خوفمان ئۇنى جىكىلەپ، بۇ چەكلىمىلەر قىزنى بەكلا خاپا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن دەيدۇ. ئەمما فۈھرېر جاۋابەن، مېىنىڭ بۇ جىيەن قىزىمنى چىڭ تۇتۇش مەجبۇرىيىتىم بار دەيتتى. ”مەن گېلىنى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى كۆرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىۋېلىشىممۇ مۇمكىن“ دەيدۇ-يۇ، يەنە ئۆمۈر بۇيى خوتۇن ئالماسلىققا ئىرادە باغلىدىم دەپمۇ يۈرەتتى. ئۇ يەنە گېلىنىڭ نەزىرىدە ئۇنى چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇشۇم چىڭ تۇتقاندەك بىلىنىشىمۇ مۇمكىن. ئەسلىدە بۇ قىلغىنىم ئەڭ توغرا ئىش. ”مەن ئۇنى خەتەرلىك كىشىلەرنىڭ، ئالدامچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىشىم كېرەك.“
جىنىسى مۇناسىۋەتلەردە ھىتلېر ئۇنچە بەك ماھارەتلىك ھېساپلانمايتتى. بۇنى ھېينرىچ خوفماننىڭ 17 ياشلىق قىزىنى سۈيۈپ قوياي دېگىنىدە رەت قىلىنىشىدىنلا كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىن: ھىتلېر، بىر كۈنى ھېينىتنىڭ ئۆيىدە يالغۇز قالغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ قىزنىڭ ئېيتىشىچە، ھىتلېر ئۇنىڭغا جىددىلىك بىلەن ”سېنى سۈيۈپ قويغىم بار“ دېگەنمىش. ئادەتتە ئۇ، بۇ قىزغا سىزلەپ گەپ قىلاتتى. ئەمما ئۇ كۈنى ئۇنى سەنلەپلا سۆزلەپ كەتكەن (”مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم. — دەيدۇ قىز، — ئۇ ھەر دائىم ماڭا كۆڭۈل بۆلەتتى. مەن دادامدىن بىرەر نەرسە سورىماقچى بولسام، مەسىلەن چويلاتوپ ئېلىش ئۈچۈن ياكى چاڭقىي تېيىلىشقا بېرىش ئۈچۈن پۇل سورىماقچى بولغىنىمدا ھىتلېر ھەر دائىم مېنىڭ تەرىپىمدە تۇرۇپ بېرەتتى. … ئەمما ئۇنى سۆيۈپ قويۇشۇم مۇمكىن ئەمەس“). شۇڭا ئۇ، سۆيۈشنى ئەدەپ بىلەن رەت قىلىدۇ. ھىتلېر بىر ئاز جىمىپ قالغاندىن كېيىن، قولىدىكى قامچىسى بىلەن ئالقىنىغا بىرنى ئۇرۇپ قويۇپ ئۇنىڭدىن يىراقلشقىنىچە چىقىپ كەتكەن.
تېخىمۇ قىزىق يېرى، ھىتلېر 17 ياشلىق يەنە بىر قىز بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرىشى ئىدى.  ئۇ قىزنىڭ ئىسمى ئېۋا براۋن بولۇپ، خوفماننىڭ رەسىمخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر قىز ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى ئوقۇتقۇچى، ئاپىسى بولسا بىر راھىبە ئىدى. ئۇ قىزمۇ خۇددى گېلىغا ئوخشاش مودا بىر قىز  بولۇپ، ئىنتايىن شوخ، يېقىملىق، تەنتەربىيىچىدەكلا ھەرىكەتچان قىز بولۇپ، ئاقسۈڭەكلەر مۇزىكىلىرى ۋە ئوپېرالارنى، ئامېرىكا كومىدىيە مۇزىكىلىرى بىلەن كايزېر ئوپېرالىرىنى ۋە ۋېدېكىند بالىتلىرىنى ياخشى كۆرەتتى.237 ئۇ، گېلىدىن سەل سىمىزلىكى ۋە چىرايلىق چاچلىرى بىلەن پەرقلىنەتتى. ”بۇ قىز سىنىپىمىزدا جىدەل تېرىپلا يۈرىدىغان بىر قىز ئىدى، راستىنى دېسەم، سىنىپتا ئۇنىڭدىن ھەممىمىز قورقاتتۇق. — دەيدۇبىر ئوقۇتقۇچى بولغان ۋون ھېيدېنابېر خانىم ئەسلەپ، — ئەمما ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەقىللىق قىز بولۇپ، دەرىسنىڭ مۇھىم مەزمونلىرىنى تېزلا ئىگەللىۋالاتتى، شۇنىڭدەك مۇستەقىل پىكىر قىلىشقىمۇ ماھىر ئىدى.“
ئۇ ئىككىسى ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا بىر جۇما كۈنى چۈشتىن كېيىن تونۇشۇپ قالىدۇ. يەنى شۇ كۈنى گۈگۈم ۋاقتىدا رەسىمخانىدا ئېۋا رەسىملەرنى رەتلەش بىلەن مەشغۇل ئىدى. شۇ چاغدا ئېۋا شۇتىغا چىقىۋېلىپ ئىشكاپلارنىڭ ئۈستىدىكى ئالبۇملارنى ئېلىش بىلەن مەشغۇل ئىدى. ”دەل شۇ پەيتتە خوجايىن كىرىپ كېلىدۇ، — دەيدۇ ئېۋا سىڭلىسىغا، — ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئەر كىشىمۇ بىرگە كىرىپ كەلدى. ئۇ كىشىنىڭ بۇرىتى بەكلا غەلىتە ئىدى. ئۇچىسىغا ئوچۇق رەڭلىك ئېنگلىز پاسونى پەلتو كىيىۋالغان، قولىدا يوغان بىر سوكنى قالپاق بار ئىدى. ئۇ ئىككىسى ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ماڭا قاراپ ئولتۇرۇشتى. — يېڭى كەلگەن كىشىنىڭ پاچىقىغا قاراۋاتقانلىقىنى سېزىدۇ، — ئۇ كۈنى مەن كۆڭلىكىمنىڭ ئېتەكلىرىنى قىسقارتىۋالغان ئىدىم. ئىتەك قىرلىرىنى بەك تەكشى كېسەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇلاردىن سەل خىجىللىق ھېس قىلماقتا ئىدىم.“
ئېۋا شۇتىدىن چۈشىۋاتقىنىدا خوفمان ئۇنى يېڭى مېھمانغا تونۇشتۇرىدۇ: ”ۋولف ئەپەندى، بۇ قىز بىزنىڭ ئوبدان قىزىمىز ئېۋا خانىم بولىدۇ.“ ئارىدىن بىر قانچە مىنۇت ئۆتۈپ ئۇلار ئۈچىسى بىرلىكتە ئولتۇرۇپ پىۋا ئىچكەچ قېيزىغا ئېغىز تىگىشىدۇ. ”قۇرسىقىم بەكلا ئېچىپ كېتىپتىكەن، شۇڭا قېيزىنى راسا ئىشتاھ بىلەن يىيىشكە كىرىشتىم. ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن پىۋىدىنمۇ ئازىراق ئوتلاپ قويدۇم. بايىقى يېشى چوڭىراق ئادەم مېنى ماختاپ كەتتى. بىز مۇزىكا ھەققىدە گەپلەشتۇق. ئاندىن ستاتس تىياتىرخانىسىدا سەھنىگە چىققان يېڭى بىر تىياتىر ھەققىدىمۇ پاراڭلاشتۇق. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ ئادەم خۇددى كۆزلىرى بىلەن مېنى يالماپ يۇتىۋېتىدىغاندەك كۆزۈمگە تىكىلگىنىچە قاراپ ئولتۇراتتى. كېيىن قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەچكە، مەن ئالدىراپ قايتماقچى بولدۇم. ئۇمۇ مېنى مەرسەدېس ماشىنىسى بىلەن ئۆيگە ئاپىرىپ قوياي دېۋىدى رەخمەت ئېيتىپ رەت قىلدىم. ئېيتقىنا، ئۇ مېنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويغان بولسا ئاتام نېمىلەرنى دەپ كېتەر ئىدى دەيسەن!“ ئەمما ئۇ ئىشىك تۈۋىگە بارغىنىدا خوفمان ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ ”سەن ئۇنىڭ كىملىكىنى پەرق قىلالمىدىڭمۇ؟ ئۇ ھىتلېر! ئادولف ھىتلېر دېگەن كىشى!“ ”شۇنداقمۇ؟“ دەيدۇ ئېۋامۇ جاۋابەن.
شۇندىن كېيىن ھىتلېر پات-پاتلا گۈل ياكى تاتلىق-تۈرۈملەر بىلەن رەسىمخانىغا كېلىپ ”رەسىمخانىنىڭ سۈيۈملۈك قىزى بولغان ماڭا سوغات قىلىپ تۇرىدىغان بولدى.“ ھىتلېر ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سىرتلاردا ئايلىنىشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتى. شۇندىن كېيىن ئۇ كارلتون قەھۋىخانىسىغا بېرىپ قاراڭغۇ بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ چاي ئىچىشكىمۇ بارماس بولىۋالىدۇ. شۇنىڭدەك شۈۋابىڭغا كىنو كۆرۈشكىمۇ بارماس بولىۋالىدۇ. ئەمما يىل ئاخىرىغا كەلگەندە ھىتلېر خوفماننىڭ رەسىمخانىسىغا كامدىن-كام بارىدىغان بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، بەلكىم ئېۋانىڭ بىر قانچە كەسىپدىشىغا پو ئېتىپ ھىتلېرغا ئاشنا بولغانلىقىنى، كېيىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ يۈرىشى سەۋەب بولغان بولىشى مۇمكىن. خوفمانمۇ بۇ قىزنىڭ ھېچ قاچان ھىتلېرنىڭ ئۆيىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى. شۇڭا ئۇ ئېۋانى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ ئۇچۇغدايدۇ. ئېۋا يىغلاپ تۇرۇپ باشقىلارغا يالغان سۆزلەپ يۈرگەنلىكىنى بوينىغا ئالىدۇ. خوفمان ئۇنىڭغا تەھدىت قىلغان ھالدا، ئەگەر يەنە مۇشۇنداق يالغان سۆزلەپ يۈرگىنىڭنى ئاڭلاپلا قالسام سېنى ئىشتىن بوشىتىمەن دەپ قورقۇتۇپ قويىدۇ.

3
1929-يىلى يىل ئاخىرسىدا گەرچە ئاۋاز بېلىتىنى ساناشتىن بۇرۇن باش مىنىستىر ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ”ياشلار پىلانى“ نىڭ ئومۇمى خەلق ماقۇللاش ئاۋاز نەتىجىسىدە، غالىپ چىققانلار يەنىلا باش مىنىستىر سترېسېمان بىلەن ئۇنىڭ مۆتىدىل پىلانى ئىدى. بۇ تەدبىرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھىتلېر بىلەن خۇگېنبېرگنىڭ مىللەتچى خەلق پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئاجىز ئىتتىپاق 21 مىليون ئاۋازغا ئېھتىياجلىق ئىدى. ئەمما ئۇلار ئارانلا 6 مىليون ئاۋازغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ مەغلوبىيەت خۇگېنبېرگ ئۈچۈن ئەجەللىك مەغلوبىيەت ھېسابلانسىمۇ، ھىتلېر بۇ مەغلوبىيەتنى ئۇستىلىق بىلەن بىر تۈرلۈك غالىبىيەتكە ئايلاندۇرىۋالىدۇ. ھىتلېر قايسى بىر ئىشتا مەغلوبىيەتكە دۈچ كەلگەن ھەر قانداق بىر كىشىنى ھېچ قاچان قوللاپ يۈرمەيتتى. شۇڭا ئۇ، خۇددى خۇگېنبېرگ بىلەن بۇ تۈر ئىتتىپاقلىقنى قۇرغىنىنى چۈشەنگىلى بولمىغىنىدەك جىدەل چىقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقتىن ئايرىلىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇ يۇشۇرۇن تۈردە كۈچ توپلاشقا كىرىشىپ (ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش جەريانىدا يۈرگۈزگەن تەشۋىقاتلىرى ئۇنىڭ بۇنداق كۈچ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ياردىمى بولغان ئىدى)، يېقىندا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەملىكەتلىك سايلامغا تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىدۇ.238 ئەمما بۇ چاغدا ناتسىستلارغا باھا بېرىدىغان ئەتراپلىق كۈزەتكۈچىلىرى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئەنگىلىيىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ماركىز دابېرنون ئەسلىمىىسىنىڭ بىر ئىزاھاتىدا فۈھرېرنى باھالاپ ”1924-يىلىدىن بېرى ھىتلېر كىشىلەر نەزىرىدە ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇپ كەتتى“ دەپ يازىدۇ. بېرلىن سىياسىي مەكتىۋىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئارنولد ۋولفېرس بىلەن تارىخشۇناس ئارنولد تويىنبې ئىككىسىلا بۇ قاراشتا  ئىدى.
ئەمما ھىتلېرنىڭ ئويلايدىغىنى غالىپ چىقىش بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە ئەگەر ئىشچىلارنى قايتىدىن ئۆز ھەرىكىتى ئەتىراپىغا جەلىپ قىلالىسىلا غەلىبە قىلىشتىن گۇمان قالمايتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھىتلېر چوقۇم يېڭىچە كۈچلۈك تەشۋىقات ستراتىگىيىسىنى يولغا قويۇشى شەرت ئىدى. 1930-يىلىنىڭ باشلىرىدا، قانۇن پاكۇلتېتىنىڭ بىر ستۇدېنتى بېرلىندا ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىتلېرغىمۇ بىر پۇرسەت تۇغۇلىدۇ. بۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىسمى خورست ۋېسسېل بولۇپ، ئەندىلا 21 ياشقا كىرگەن، ئاتىسى بىر پوپ ھەمدە قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى. ۋېسسېل ئۆزىنىڭ بۇرجۇئازىيە سىنىپىغا تەۋە ئائىلىسىگە خىيانەت قىلىپ سادىق قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەر ئەزاسىغا ئايلانغان. بۇ ستۇدېنت، قىزىللارغا قارشى بىر قېتىملىق كوچا سوقۇشىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇ ئۆلۈمىدىن بۇرۇن بىر شىئېر يېزىپ «غەزەپ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان، كېيىن يەنە بۇ شىئېرىغا ئاھاڭ سالغان ئىدى. (خانفىستايىنگل مۇنداق دەپ يازىدۇ: ”بۇ نوتا ئون توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرى يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ۋيېننا قاۋاقلىرىدا چېلىنىدىغان مۇزىكىلارغا ئوخشاپ كېتەتتى.“ ناخشىنىڭ تېكىستى تەخمىنەن ئالغاندا تۈۋەندىكىچە:
كۆزلىرىمىز ئۇچراشقاندا، لەۋلىرىمىز تېگىشكەندە،
قەلبىمىز چەمبەرچەست باغلىنىدۇ.
ۋېسسېل بۇ نوتىنى ”نازاكەتلىك مارش“ ھالىغا كەلتۈرۈشتىن باشقا بىر ئىش قىلمىغان. — ئا. ھ. ئى) بۇ شىئېرنىڭ ئىسمى «بايرىغىمىز لەپىلدەيدۇ!» بولۇپ، قۇربان بولغان يولداشلىرىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يېزىلغان، يەنى ”قىزىل فرونت بىلەن ئەكسىيەتچىلەر تەرىپىدىن قۇربان قىلىنغان“ لارغا بېغىشلانغان بىر شىئېر ئىدى. ۋېسسېل پاھىشلىك قىلغان ئەرناغا قاتتىق ئاشىق بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇراتتى. ئۆي خوجايىنى خانىم بۇ ئىككىسىنى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كوممۇنىستلارغا يالۋۇرىدۇ. نەتىجىدە، بىر ئۇچۇم قىزىللار بۇ ئاشىق-مەشۇقلار تۇرغان ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىدۇ. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرگە يىتەكچىلىك قىلغان كىشى ئەرنانىڭ يېقىن بىر دوستى ئىكەن. ئۇ ئۆيگە بېسىپ كىرىپ ”بىز نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمىزنى بىلەمسەن!“ دەپ ۋارقىرىغىنىچە ۋېسسېلنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. كوممۇنىستلار بۇ رەھىمسىز ۋەقەدىن مەنپەتدار بولۇش ئۈچۈن ۋېسسېلغا پاھىشە تونۇشتۇرىدىغان دەللال دەپ تۆھمەت چاپلىغان. ئەسلىدە ئۇنداق ئىش يوق ئىدى. ئەمما گيوبېلىس بولسا ۋېسسېلنى بىراقلا ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئەيساسى دەپ كۆككە كۆتۈرۈپ تەشۋىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئەسلىدە بۇمۇ بىر يالغان ئىدى. ”بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بىلەن مېھرىبان ئانىسىدىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلارغا ئۆچمەنلىك كۆزى بىلەن قارايدىغان كىشىلەر ئارىسىغا كېلىپ ياشاۋاتقان بىرسى ئىدى. — دەپ يازىدۇ مۇۋەپپەقىيەتسىز  بىر رومانچى بولغان گيوبېلىس، — ئۇ يەردە، پرولىتارلار ئاھالە رايونىدا، ئىجارىگە ئالغان كىچىك بىر بالكون قەۋىتىدە، بۇ ياش يىگىت ياشلىق باھىرى ئۇرغۇپ تۇرغان ئاددى تۇرمۇش يولىنى باشلىغان ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ سوتسىيالىزم ئەپسانىسى، نامىراتلارغا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقچى بولغان ئادەم ئىدى!“
سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ۋېسسېل قايسى بىر دوختۇرخانىدا ياتقىنىدا گيوبېلىس شەخسى جىدەلنى سىياسىي سۈيىقەستكە ئايلاندۇرۇپ تەشۋىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇ، ستادىيومدا ئۆتكۈزۈلگەن مىتىنگ ئاخىرىدا مىتىنگ قاتناشقۇچىلىرىغا ۋېسسېلنىڭ يازغان شىئېرىنى ئېيتقۇزىدۇ: ”رەڭلىك بايرىقىمىز لەپىلدەيدۇ، جەڭ ناغرا-سۇنايلىرى ياڭرايدۇ، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان كىشىلەر مارش توۋلايدۇ، ناخشىلار بىلەن گېرمانىيە ئىنقىلابىنى مەدىھلەيدۇ، بايراقلىرىنىڭ لەپىلدەشلىرىنى مەدىھلەيدۇ!“ 23-فېۋرالدا، ۋېسسېل ئاخىرى جان ئۈزىدۇ. ”ئۇنىڭ روھى مەڭگۈ ھايات، ئۇ بىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە. — دەپ يازىدۇ گيوبېلىس، — ئۇ ھازىرمۇ بىزنىڭ قوشۇنىمىز بىلەن بىرگە ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.“239 گيوبېلىس بۇ تەشۋىقات ھەرىكىتىنى يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ۋېسسېل ئۈچۈن داغ-دۇغىلىق، ھەشەمەتلىك دەپىنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، مۇراسىمدا ھىتلېرنى بىر نۇتۇق سۆزلەتكۈزۈشنى پىلانلايدۇ. ئەمما بۇنىڭدەك چېكىدىن ئاشۇرۇپ تەشۋىق قىلىش ھەرىكىتىگە فۈھرېر بەك قىزىقمايتتى. گيورېڭمۇ ھىتلېرغا ئوخشاش ئويلايتتى. ئۇ پارلامېنتقا دىپوتات بولۇپ سايلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن شىۋىتسىيەدە زەھەرلىك چېكىملىك خۇمارىنى داۋالىتىپ بولۇپ دەرھال گېرمانىيىگە قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ، بېرلىن ۋەزىيىتى يەتكۈچە جىددىلىشىپ بولدى، فۈھرېرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز قىيىنلىشىپ كەتتى دەپ چىڭ تۇرۇپ تالىشىدۇ. خانفىستايىنگلنىڭ ئەسلىمىسىدىن قارىغاندا، ”ئەگەر دىققەت قىلىنمىسا ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش قىيىن. ھەر نېمە دېگەن بىلەن پارلامېنتتىكى ئادەم سانىمىز ئارانلا 12 كىشى بولۇپ، بەكلا ئاجىز ئەھۋالدىمىز. بۇنچىلىك ئاز كۈچكە تايىنىپ بىرەر مەنپەتكە ئېرىشەلىشىمىز ئاسان ئەمەس. ئەگەر ھىتلېر بېرلىنغا كەلگىدەك بولىدىكەن، ئۇ ھالدا كومپارتىيە پادىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھىتلېر بۇقا قورقىتىدىغان بىر پارچە قىزىل لاتىلا بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىز ئۆستىمىزگە ئالالمايمىز“ دەپ قارايدىكەن.
ھىتلېر قاتتىق ئاغرىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ كەلمىگەچكە جانازا مۇراسىمى ئۇنىڭسىز ئۆتكۈزۈلىدۇ. يۇقۇرقىدەك پەرەز قىلىشتا گيورېڭ خاتالاشمىغان ئىدى. لوزۇنكا ئېسىۋاتقانلار قىزىللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرايدۇ؛ جانازا قوشۇنى قىزىللار بىلەن ئۇرۇشىدىغان قوشۇن ھالىغا كەلگەن ئىدى. گيوبېلىس قەۋرىنىڭ ئالدىدا غەرەزلىك بىلەن ”خورست ۋېسسېل!“ دەپ توۋلايدۇ، بۇنىڭغا ھۇجۇمچىلار ئەترىتىدىكىلەر ”بار!“ دەپ جاۋاب بېرىۋاتقىنىدا تام ئارقىسىدىن ئېتىلغان تاشلار قەۋرە ئۈستىگە يېغىشقا باشلايدۇ. بۇ ئىشتىن تەشۋىقات ماھىرى گيوبېلىس ھەممىدىن بەك خوشال ئىدى. ”ئۆلۈك ساندۇقى يەرلىكىگە قويۇلىۋاتقىنىدا، — دەپ يازىدۇ گيوبېلىس، — قىزىل لۈكچەكلەر قەۋرىستانلىق دەرۋازىسى سىرتىدا تۇرىۋېلىپ ۋارقىراپ-جارقىراشقا باشلايدۇ … ۋاپات بولغان يېقىنىمىز، يەنىلا بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرماقتا، ھارغىن قولىنى چىقىرىپ قاراڭغۇ بىر يەرلەردىن بىزگە توۋلىماقتا: قەۋرەمدىن ئاتلاپ ئۆتىۋېرىڭلار! گېرمانىيە دەل بۇ يولنىڭ ئۇچىدا!“
ئادەتتىكى كىشىلەر بۇ گەپلەردىن قىزىللار بىلەن ناتسىستلار ئوتتۇرىسىدا زادى قانداق مۇناسىۋەت بارلىقىنى مەڭگۈ پەرەز قىلالمايتتى. ئۇلار گەرچە بىر-بىرسى بىلەن رەھىمسىزلەرچە سوقۇش قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئارىلىرىدا قانداقتۇ بىردىن بىر يولداشلىق ھېسسىياتىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېس قىلىشاتتى. پىۋىخانىلاردا ياكى قاۋاقلاردا يۈز بەرگەن ئۇرۇش-جىدەللەر ساقچىلار تەرىپىدىن توسالغىنىدا ئۇلارنىڭ بىرلىشىپ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىشى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالغۇچىلىقى يوق ئىدى. ئىككىلا تەرەپ ئوخشاش بىر ئىشنىڭ قىزغىنلىقى ئاستىدا ئىدى؛ ھەر ئىككىلا تەرەپ ئەگەر غايىمىز توغرىلا بولىدىكەن تۇتقان يولىمىزمۇ توغرا دەپ ئىشىنەتتى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىلا بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سوتسىيالىزم غايىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا پارلامېنت تۈزۈمىگە ئۆچلۈك قىلاتتى. ئالدىنقى يىلقى «بىرىنچى ماي» بايرىمىدا، ئۇلار ئۆزئارا قول تۇتۇشۇپ بېرلىن كوچىلىرىدا بىرلىكتە نامايىش قىلىشقان، ھەر ئىككىلا تەرەپ نامايىشچىلار قوشۇنىنى باستۇرۇشقا ئورتاق نارازىلىق بىلدۈرگەن، شۇنىڭدەك ”بىزگە ئەركىنلىك كېرەك، بىزگە ئىش كېرەك، بىزگە نان كېرەك!“ دەپ بىرلىكتە شۇئار توۋلاشقان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئۇ يەھۇدىي ساقچى باشلىقى بېرنھالدېر ۋېيس (گيوبېلس ئۇنى ”ئىسدور“ دەۋالغان) قا ئۆچ ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا ساقچىلارنى ”ئىسىدور“ نىڭ قوشۇنى، بارلىق ئىنقىلابچىلارنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى دەپ قارىشاتتى.
گيوبېلس، خورست ۋېسسېل ۋەقەسىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە مەنپەئەت ئېلىۋالغىنىدىن كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە، ھىتلېر بىلەن ئوتتو ستراسسېر ئوتتۇرسىدىكى تالاش-تارتىش ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ستراسسېرنىڭ ئىنىسى ميۇنخېنغا بېرىپ پارتىيىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغىنىدىن بېرى، ئوتتومۇ گرېگور قۇرغان 3 گېزىتنىڭ ئەڭ مۇھىم باشماقالە يازغۇچىسىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇلار گەرچە ھازىرغىچىلا مىللى سوتسىيالىزم پلاكاتىنى ئېسىپ يۈرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئوتتونىڭ داھىغا چوقۇنۇشتىن قۇتۇلۇش ھەققىدىكى مۇنازىرىسىنى تەشۋىق قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى. بۇ قاراشلار يەنە كېلىپ ھىتلېرنىڭ قاراشلىرى بىلەن ھەر دائىم توقۇنۇش كېلەتتى. ئاپرېلدا، ئوتتو ستراسسېر، ساكسونىيە مېتالچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى تەرەققى قىلىپ پەللىگە يېتىدۇ. سانائەتچىلەر، مەسىلەن بىرلەشمە پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدىن فرىتز تايسېن ئېقىمىدىكىلەر ھىتلېردىن ئەگەر داۋاملىق ياردەم پۇلىغا ئېرىشمەكچى بولىدىكەنسەن چوقۇم ستراسسېرنى قوغلاپ چىقار دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ.
ھىتلېر، ئاۋال تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلانغان بولسىمۇ بىرەر پايدىسى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇ، ئۆزى بىۋاستە بېرلىنغا بېرىپ، ئۆز سالاھىتىنىڭ تەسىرىنى ئىشقا سېلىشقا تىرىشىدۇ.240 ئۇ ئىككىسى ”سانسسۇسى مېھمانخانىسى“ دا ئىككى قېتىم كۆرۈشىدۇ. 7 سائەت ئىچىدە ھىتلېر پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ تەھدىت قىلىش، ئۆزىگە تارتىش، ئالداش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىپ كۆرگەن بولسىمۇ ئىككى قېتىملىق كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە كۆزقاراشلىرىدىكى ئايرىمىچىلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشتىن باشقا ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ. ئۇلار ئىككىسىلا ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرىۋېلىپ بىر-بىرسىگە زادىلا يول قويۇشمايدۇ. ھىتلېر، ئوتتوغا پارتىيىنىڭ تەشۋىقات بىيروسىنىڭ باشلىقى بولۇش تەكلىۋىنى قويغان بولسىمۇ رەت قىلىنىدۇ. گەرچە ئۇ ئىككىسى بىرەر كىلىشىمگە كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ستراسسېر بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر پارتىيىدىن دەرھال ئايرىلىپ چىقىپمۇ كەتمەيدۇ. ”يەنىلا بەزى ئۈمىدلەردە بولغاچقا، ھىتلېرنىڭ مۇھاكىمىلەردىن تەسىرلىنىش ئېھتىمالىنى يوق دېيىشكە بولمايدۇ“ دەپ قارىشاتتى. ھەتتا ھىتلېر ”روزېنبېرگ يولى“ دىن ۋاز كېچىشىمۇ مۇمكىن دەپ ئۈمىد قىلىشاتتى. ئۇلار يەنە بۇ تۈردىكى بۆلۈنۈشنى ئاشكارە بىر ۋەقە ھالىغا كەلتۈرۈشنىمۇ خالىمايتتى. چۇنكى بۇ ئىشنىڭ ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقىشى پارتىيىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ساكسونىيە ئومۇمى سايلىمىدىن غالىبىيەت بىلەن چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئوتتو ستراسسېرغا شۇنىسى ئايان ئىدىكى، ئەندى ئۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سوتسىيالىزمچىلىرى داۋاملىق ناتسىستلار پارتىيىسى ئىچىدە قالالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ھىتلېر بۇرۇن ئېتراپ قىلغىنىدەك، ئۇ مۇسسولىننىڭ فاشىزم پىرىنسىپلىرىدىن پايدىلانماقچى ۋە كاپىتالىستلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلماقچى ئىدى. بۇ سۆھبەتتە يەنە ھىتلېر بۇ يېڭى ئىدىيىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مۇجىمەل ھالغا كەلتۈرىۋېتىپ ”بۇ جەھەتتە تۈگىمەس ئىزاھاتلارنى بەرگىلى بولىدىغان بىر ئۇقۇم“ غا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈن سالاھىتىنى ئىشقا سېلىشتىن پايدىلىنىپ پارتىيىنى تولۇق تېزگىنىگە ئېلىۋېلىش مەقسىدىگە يەتمەكچى ئىدى. ھىتلېر شۇنىمۇ ھېس قىلىدۇكى، ئەگەر مىللى سوتسىيالىزم كونكىرىتنى بىر پروگرامما ھالىغا كەلگىدەك بولسا، ئۆزىنىڭ فۈھرېرلىق پىرىنسىپلىرىمۇ خەۋىپ ئاستىدا قالىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
ياش ستراسسېرنىڭ تەپ تارتماستىن ئاشكارە تۈردە ئۇنىڭ بىلەن تىركىشىشكە جۇرئەت قىلالىشىنى ھىتلېر ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق دەپ ھېسابلايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگىنىچە ميۇنخېنغا قايتىپ كېلىپ بۇ ھەقتە يا بىرەر باھالاش ئېلان قىلمايدۇ ياكى ئۇنىڭغا ئاشكارە ھۇجۇممۇ قىلمايدۇ. شۇنىڭدەك ئوتتوغا تەھدىتمۇ سالمايدۇ. گەرچە ”بارلىق ئىشلار پۈتۈنلەي ماڭا قاراشلىق بولىشى كېرەك“ دەپ قارىسىمۇ يەنىلا ئۇنداق ھەرىكەتلەردە بولمايدۇ. پەقەت گېزىتتا (خۇددى گرېگور ستراسسېرنىڭ قىلغىنىدەك) بېرلىندا ”ھېچقانداق بىر تالاش-تارتىش يۈز بەرمىدى، ئوتتو ئىككىمىز بىر پىكىرلىك بولىشىمىز ئۆزگەرمىدى“ دەپلا خەۋەر بېرىپ قويىدۇ. ھىتلېرنىڭ بۇ قىلغىنى، يۈز ئۆرىگەنلەرنى ئاشكارە جازالاش ئەمەس، بەلكى ئوتتونى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغان پارتىيە ئەزالىرىنى بىر-بىرلەپ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى كۆزلىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ئۇ گيوبېلىسقا بىر پارچە يوشۇرۇن مەنىلىك يوليورۇق ئىۋەرتىپ، ئوتتو ستراسسېر بىلەن ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى پارتىيىدىن تازىلىۋېتىشنى بويرۇيدۇ. ”پارتىيىگە پەقەت مەنلا رەھبەرلىك قىلالايمەن. — دەپ يازىدۇ ھىتلېر، — مەن مىللەتچى سوتسىيالىزمچىلار پارتىيىسىنى تېگى ئاجىز بىلەرمەنلەر بىلەن سالونلاردىكى بولشېۋىكلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئولتۇرىدىغان بىر كلۇپ ھالىغا ئايلاندۇرۇشقا ھەرگىز يول قويمايمەن. پارتىيىمىز مەڭگۈگە ئىنتىزامچان بىر تەشكىلات بولۇپ قالىدۇ. پارتىيىمىز ھەرگىزمۇ ئاخماقانە ساپ نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بىر تەشكىلات ئەمەس. شۇنىڭدەك ئەركىن سايراش يولغا قويۇلغان سىياسىي جەمئىيەت شەكلىگىمۇ ئۆزگەرمەسلىكى كېرەك. پارتىيىمىز، نېمىس خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئەنە شۇ كۈنگە كەلگىنىدە، گېرمانىيىدە سىنىپىي پەرقلەرمۇ مەۋجۇت بولماي قالىدۇ. يېڭىدىن دۇنياغا كېلىدىغان گېرمانىيە خەلقى ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان بىر خەلققە ئايلىنىدۇ!“ ھىتلېر، شۇ سەۋەپتىن گيوبېلىسقا ”بېرلىندىكى ئۇنداق ئۇنسۇرلار قىلچە رەھىم قىلماي پارتىيىدىن تازىلاپ چىقىرىلسۇن“ دەپ يوليورۇق بېرىدۇ. گيوبېلىسمۇ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدىلا ھىتلېرنىڭ تەلىماتىنى جايىغا كەلتۈرىدۇ. كېيىن، ستراسسېر بارلىق سوتسىيالىزمچىلارنى ئومۇمى يۈزلۈك پارتىيىدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. ئەمما بۇ چاقىرىققا ئارانلا 24 نەپەر كىشى ئاۋاز قوشىدۇ. ھەتتا ئوتتونىڭ ئۆز ئىنىسىمۇ سوتسىيالىستلارنىڭ ئوپچە چېكىنىشىگە قارشى چىقىدۇ. گرېگور بىلەن يەنە ئىككى نەپەر سولچىل پارتىيە ئەزاسى بىرلىشىپ ”بىز ھىتلېرنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا قەتئىي بوي سۇنىمىز“ دەپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلىدۇ. گرېگور يېقىنلىرىغا، ”مېنىڭ ئۇكام مەڭگۈ بىر قاچقۇن ئەسكەر پېتى قالىۋەرگىدەك. ئۇكامنىڭ پارتىيىدىن ئايرىلغانلىقى، شۇنىڭدەك پارتىيىمىزگە ھۇجۇم قىلىشقا كىرىشكەنلىكى پۈتۈنلەي ئاخماقانىلىق، تەلۋىلىك“ دەيدۇ.
ئوتتو ستراسسېرنىڭ ھىتلېردىن ئاشكارە ئايرىلىش ۋەقەسى مەتبۇئات ساھەسىنى زىل-زىلىگە كەلتۈرىۋەتكەن بولسىمۇ، پارتىيە ئىچىدە ھېچقانداق بىر سادا پەيدا قىلالمايدۇ. جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۆلۈنۈش كۈرىشىدە ھىتلېر ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياراشتۇرغۇچى رولىنى ئويناپ، پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرۈشكە تىرىشقان ئىدى. بۇ ئىشتىنمۇ ئۇتۇغلۇق بولۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇ قايتىدىن ئىنتايىن كەڭ قۇرساق پوزىتسىيىدە بولىدۇ.241 ئۇ گرېگور ستراسسېرنى پارتىيە ئىچىدە ئەڭ يوقىرى مەۋقەلەرگە كۆتۈرۈپ چىققان، ھەتتا ئوتتو شاھىتلار ئالدىدا ھىتلېرنى ئوسال قىلماقچى بولغىنىدىمۇ ئوتتۇردىكى زىدىيەتنى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئىدى. نەتىجىدە، كىشىلەرگە بۇ ئىشتا گويا ئوتتو ئۆزى پارتىيىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغاندەك بىر تۇيغۇ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۆز ئىچىدە بىر-بىرى بىلەن ئېلىشىش كۈرىشىگە خاتىمە بېرىلىدۇ. ھىتلېرمۇ پۈتۈن زىھنىنى سىنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ئومۇمى سايلامغا قارىتىدۇ.

4
1930-يىلى، ھىتلېر ھەممە تەبىقىگە، يەنى دېھقانلارغا، ئىشچىلارغا، ئوقۇغۇچىلارغا، ۋەتەنپەرۋەرلەرگە، ئىرقچىلارغا ۋە شۇنىڭدەك ئوتتۇرا بۇرجۇئا شەھەر ئاھالىلىرىغا ئومۇمى يۈزلۈك بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى ۋەدە قىلىدۇ. ئۇنىڭ كەڭ دائىرىلىك قىزىقىشلىرىنىڭ ئورتاق نۇقتىسى دۇنياۋىي ئىقتىسادىي بوھران ئۈستىگە مەركەزلەشكەن ئىدى. بۇ قېتىمقى كرىزىسنى 1929-يىلقى ۋول سترىت كوچىسىدىكى توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ (ۋول سترىت — نيۇيوركتىكى دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پايچىك، ئاكىسسىيە بازىرى جايلاشقان كوچا. ئادەتتە ۋول سترىت كوچىسى دېگەندە بۇ كوچىغا جايلاشقان ئەنە شۇ پايچىك بازىرى بىناسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ — ئۇ. ت)، بۇ كىرىزىس گېرمانىيىنىڭ جۇش ئۇرۇپ قايتىدىن ئەسلىگە كېلىش دولقۇنىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يوققا چىقىرىۋېتىدۇ. شۇ يىلى ياز ئاخىرلىرىدا گېرمانىيىنىڭ ئىشسىزلار سانى 3 مىليون كىشىگە يېتىپ، شانسۆيلە (ھۆكۈمەت باشلىقى، باش مىنىستىر — ئۇ. ت) برۈنىڭنىڭ راسخوتنى قىسقارتىش ئىقتىسادىي سىياسىتى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ بەتەر ھالغا كەلتۈرىۋېتىدۇ. ھىتلېر، مانا ئەندى سىياسىي جەھەتتە گېرمانىيىنى تېزگىنگە ئېلىشنىڭ تازا پەيتى كەلدى دەپ ئويلايدۇ. ئۇ، ”گېرمانىيە ئىشچىلىرى، ئويغۇنايلى! بوينۇڭلاردىكى زىنجىرنى پاچاقلاپ تاشلايدىغان پەيت كەلدى!“ دەپ ئەينى كومۇنىستلارنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە ئىشچىلارغا چاقىرىق قىلىدۇ. گيوبېلىسنىڭ «ھۇجۇم» گېزىتى ئەنە شۇنداق تەشۋىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. ھىتلېر دېھقانلار مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن (دۇنيا بويىچە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھسى چۈشۈپ كېتىشى، دېھقانلارنىڭ ئالىدىغان پايدىسىنى يوقلا قىلىۋەتكەن ئىدى) ئىچكى باج بىلەن ئىمپورت بېجىنى تەڭشەشنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى يار-يۈلەكتە بولمىغان ئوتتۇرا-تۈۋەن تەبىقىدىكىلەرنى ئۈمىدلەندۈرىدۇ. نامراتلىقتىن نومۇس قىلىدىغان بۇ تۈر ئوتتۇراھال تەبىقىدىكىلەرگە غۇرۇر بېرىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر تەۋەسىدىكى ۋە سىرتىدىكى غايىلىك ياشلارغىمۇ غايىۋىي بىر يېڭى دۇنيا ۋەدە قىلىدۇ.
گەرچە غايىلىك ياشلارنىڭ سانىئ ۇنچە بەك كۆپ بولمىسىمۇ ئۇلار ھىتلېرنىڭ كەلگۈسىدىكى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ساداقەتلىك كادىرلىرى ھېسابلىناتتى. ھىتلېر، ماتېرىيالىزم بىلەن شەخسى پەنپەتنى كۆزلەيدىغان لېبرالىزىمغا قارشى تۇرۇشنى، تەڭ باراۋەرلىك ئاستىدىكى جەمئىيەت قۇرۇشنى ۋە ئەمەلىي سوتسىيالىزمنى تەرغىپ قىلىش ئارقىلىق گېرمانىيىنى مەڭگۈ گۈللەپ ياشنىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان سەلەپ ئارمىيىسىنىڭ ئاۋانگارت قوشۇنىغا ئايلاندۇرۇشنى كۈچەپ تەرغىپ قىلغىنىدا بۇ ياشلار ھىتلېرنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ ھاياجاندىن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويىشاتتى. بۇ ياشلار، ھىتلېرنىڭ ھەقىقى سوتسىيالىستىك بىر ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنگەن ئىدى. ئۇلار شەھەر كوچىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ دۈشمىنى كومپارتىيە بىلەن ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلىشىدۇ: ”بىزگە ئەركىنلىك كېرەك! ئىش كېرەك! نان كېرەك!“ يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان بۇ ئەۋلادلار ”شۇنى ھېس قىلماقتىكى، ئىشلار يولىدا كېتىۋاتىدۇ، ئىلگىرلىمەي جىم تۇرىۋېلىشتەك خەتەرلىك ۋەزىيەت كەلمەسكە كەتتى.“ بىر ئەگەشكۈچى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئەگەر سەن بۇ ھەرىكەتنى ھەقىقى تۈردە بىلمەكچى بولىدىكەنسەن، چوقۇم ئىچىدە ياشىشىڭ كېرەك.“ بۈگۈن دەل شۇنداق بىر ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن ئىدى. بۇ ۋەزىيەت مۇتلەق كۆپ ساندىكى غايىلىك ياشلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان بولۇپ، ھىتلېر بولسا بۇ سادالارنىڭ كۈچىنى چۈشىنىدىغان بىردىن-بىر سىياسىيون ئىدى.
نۇرغۇنلىغان زىيالىلار، جەمئىيەتنىڭ داڭلىق كىشىلىرى، ھەتتا ئوردىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ھىتلېرگە ھەۋەس قىلىدىغان بولۇپ ئۆزگەرمەكتە ئىدى. شۇ يىلى ئەتىيازدا، گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ گۈدەك بالىسى ئاۋگۇستن ۋىلھېلم (”ئاۋى“) قەدىرلىك سەپدىشى بولغان ھىتلېرغا خەت يېزىپ، ”چىن قەلبىمدىن قوبۇل قىلدىم. — دەيدۇ ھىتلېرغا، بۇ ياش تېخى يېقىندىلا پارتىيىگە قوبۇل قىلىنغان ئىدى، — مەن قاتتىق ھاياجانغا تولغان بۇ پەيتتە، تەبىئىي ھالدا سىزنى ئېسىمگە ئالدىم. مەن سىزگە چىن قەلبىمدىن سادىق ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرمەكچىمەن.“ شاھزادە كوممۇنىزمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن بەكلا قورقاتتى.242 ئۇنىڭ ئۆزگىرىش ياسىغانلىقى خانزادە فىلىپ ۋون ھېسسېننىمۇ تەسىرلەىندۈرىدۇ. بۇ خانزادە گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ جىيەنى بولۇپ، ۋىكتورىيە خانىشىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. ئۇمۇ كېيىن ئۆزگىرىپ ھىتلېرنى قوللاش تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
1930-يىلى، ھىتلېرمۇ نېمىسلارغا بەزى يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. يەنى ئۇلارغا ئىتتىپاقلىق ھېسسىياتىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ھىتلېر قىلچە سىنىپى چەكلىمە كۆرسەتمەستىن ھەممە كىشىنىڭ بۇ ئۇزۇن سەپەرگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ پەقەت بىرلا شەرتى بار ئىدى: ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھىتلېرغا ئەگىشىشى، يەھۇدىيلار بىلەن قىزىللارغا قارشى كۈرەشلەردە، ھاياتلىق ماكانى ۋە گېرمانىيە مەنپەئەتى ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلىدىغان كۈرەشلەردە ئەڭ ئاخىرقى تىنىقى قالغىچە جان تىكىپ جەڭ قىلىدىغان ئىرادە تىكلىشى شەرت ئىدى. ”بىزنىڭ قەلبىمىز ’ھىتلېر، سەن بىزنىڭ ئادىمىمىز‘ دەپ ئويلاشقا مەجبۇرلىماقتا ئىدى. — دەيدۇ كونا بىر پارتىيە ئەزاسى ئەسلىمىسىدە، — سېنىڭ سۆزلىرىڭ بۇرۇن جەڭ كۆرگەن كىشىلەرنىڭ سۆزىگە ئوخشايدۇ، سەن يۇمشاق ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ كۆنگەن ئادەم ئەمەس، بەلكى خۇددى بىزگە ئوخشاش ھېچكىم ئېتىۋار قىلىپ كەتمەيدىغان، جاپا-مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى تەڭ ياشىغان بىر جەڭچىسەن.“ ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىلاھى چاقىرىقلارلا ھەر خىل-ھەر رەڭدىكى ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ ھېسسىياتلىرىنى قوزغىيالايتتى. ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئىشچىلاردىن باشقا ھىتلېر ھېچكىمگە يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش، بولۇپمۇ يەھۇدىيلارنى ”تازىلىۋېتىش“ مەسىلىسىدە ھەرگىز چىڭ تۇرىۋالمايدۇ. مەدەنىيەت سەۋىيىسى نىسبەتەن يۇقۇرىراق بولغانلار بىلەن غايىلىك كىشىلەرگە قارىتا بۇ مەسىلە شۇنداقلا دېيىلگەن بىر سۆز ياكى قىلچە ئەھمىيەتسىزلا ئېيتىلغان گەپلەردەك بىلىنەتتى.
شۇ يىلى يازدا، ھىتلېر ھەممىنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويىدىغان پىلانىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ مەلىكەت بويىچە ئايلىنىشقا تۇتۇش قىلىدۇ. ساياھىتىنىڭ ئاخىرقى ئالتى ھەپتىسىگىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئى 20 قېتىم مۇھىم نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ھىتلېر، ھەقىقەتەنمۇ تۇغما سىياسىيون ھېسابلىناتتى. ئۇ، خەلق ئاممىسى بىلەن بىرگە بولۇش ۋاقىتلىرىدا كىشىلەر بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، بۇۋاقلارنىڭ يۈزىگە سۈيۈپ قويۇش، ئاياللارغا باش ئىگىپ تازىم كەلتۈرتۈش قاتارلىقلاردا پۈتۈنلەي تەبىئى ھەرىكەت قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلاردىن ئۆزىگە كۈچ-قۇۋۋەتمۇ توپلىيالايتتى. ئۇ يوقىرى تەبىقە كىشىلىرى بىلەن بىرگە تاماق يىيىش ئورنىغا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئىشچىلار سىنىپى ياكى تۆۋەن تەبىقە كىشىلەر ئارىسىدىكى تەرەپبازلىرى ئارىسىغا چۆكۈپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇپ تاماق يەيتتى. ئۇنىڭ ھەممىگە تەڭ كۆز بىلەن قاراشتەك مۇئامىلىسى تۆۋەن دەرىجىلىك كادىرلار، ئۇششاق تىجارەتچىلەر ۋە ئەمگەكچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشتا ھەقىقەتەنمۇ رول ئوينايدۇ.
ھىتلېر ھەر تۈردىكى كىشىلەر بىلەن يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم خەت يېزىش ئۇسۇلىدىن پايدىلانغان بولسىمۇ، ئۇ لاندسبېرگدىكى تەجرىبە ساۋاقلىرىنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمىغان ئىدى: ئۇ چوقۇم ئاممىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردا ئۆزىنى باشقىلارنى ئەيىپلەشكە مەجبۇر قىلىدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىغا يول قويمايتتى. ھىتلېر مىليونېرلارغا، قىزىللارغا، ماركسىزمچىلارغا ۋە شۇنىڭدەك ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرىدىغان، ئوتتۇراھال سىنىپلارنىڭ جوغلانمىلىرىنى پاك-پاكىزە قۇرۇتىۋېتىدىغان ئۇنداق ”تۈزۈم“ لەرگىمۇ قايتا-قايتىلاپ ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇ، سىنىپلار بىلەن سىنىپلارنى زىدىيەتلەشتۈرۈش يولىنى تۇتقان بىرسى ئەمەس بەلكى بارلىق تەبىقىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ بىرلەشتۈرىدىغان يولنى تۇتقان بىرسى ئىدى.
گېرمانىيە، بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ھەتتا پۈتۈن دۇنيا، بۇنداق بىر چاقىرىققا ھېچقاچان بۇنچىلىك ئەگىشىپ باققان ئەمەس. گيوبېلىس چوڭ زاللاردا، ئون مىڭ كىشى سىغقىدەك چېدىرلاردا ۋە ياكى مەيدانلاردا 6 مىڭ كىشىلىك يىغىنلارنى تەشكىللەيدۇ. شۇنىڭدەك مەشئەللىكلەر نامايىشى ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛ مەيلى شەھەر ياكى يېزىلاردا بولمىسۇن، ھەممىلا يەردە كۆزگە چېلىققىدەك قىزىل رەڭلىك شۇئار پىلاكاتلىرىنى چاپلاتقۇزىدۇ. ناتسىستلار چىقارغان گېزىتلاردا ھەر دائىم مەلۇم بىر ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كىتابچىلارنى قوشۇپ چىقىرىپ تۇرىدۇ، ھەتتا ھەر بېسىشتا نەچچە مىليون نۇسخا بېسىپ پۈتۈن مەملىكەتكە يېيىۋېتىدۇ؛ ئەگەر بۇلارنى سېتىپ بولالمىسا ھەقسىز تارقىتىدۇ.
گيوبېلىس، ئومۇمى خەلق سايلام كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىشچىلارغا چىقىرىلغان چۈشەندۈرۈشنامىسىدا سايلامنى قانداق تېزگىنلەيدىغانلىق توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىشچىلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ تۈردىكى ئاگاھلاندۇرۇشلار كۈلكىلىك كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ، يەنىلا كارغا يارايدىغان ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىناتتى. ”چاخچاق قىلغاندەك ئىشلەڭلار، ئەمما ئەستايىدىل ئىشلەڭلار! خۇددى كىشىلەر سىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرغان بولسا سىلەرمۇرمۇ ئۇ قەدىرلىك كەسىپداشلىرىڭلارغا ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بويىچە تاقابىل تۇرۇڭلار! ئۇلارنى ھاياجانغا سېلىڭلار، ئۇلارنى تىرىكتۈرۈڭلار، ئاندىن ئۇلارنى بۇرنىدىن يېتىلەپ يولۇڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار!“ شۇ كۈنى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاۋاز بېرىش نوقتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئۈچرەتلەر پەيدا بولۇپ كېتىدۇ. سايلامغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 35 مىليون كىشىگە يېتىپ، 1928-يىلىغا قارىغاندا تۆت مىليون كىشى ئارتقان ئىدى. ھىتلېر چۈشتىن كېيىن ميۇنخېندىكى سايلام مەركىزىگە كېلىدۇ.243 ئۇنى قارشى ئېلىشقا چىققان كىشى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ نەشرىياتچىسى ئادولف مۈللېر ئىدى. مۈللېر ھاياجانلانغان ھالدا ھىتلېرغا مۇنداق دەيدۇ: ”بىز ئۇتۇپ چىقتۇق! چوقۇم 66 ۋەكىلگە ئېرىشەلەيمىز!“ 1928-يىلىدىن بۇيان، ئۇلار ئارانلا 54 ۋەكىللىك ئورۇنغا ئېرىشەلىگەن ئىدى. بۇنىڭغا قارىغاندا، كۆپەيگەن ۋەكىل سانى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالارلىق ئىدى. ئەمما ھىتلېر، ئەگەر گېرمانىيە خەلقى توغرا ئويلىيالىغان بولسا، بۇ سان چوقۇم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىشى كېرەك، دەيدۇ. ”مېنىڭ ئىچىمدىن چوقۇم يۈز ۋەكىللىك ئورنىغا ئېرىشەلەيمىز دەيدىغان سادا كېلىپ تۇرماقتا!“ دەيدۇ. دېگەندەك، ئۇلار 107 نەپەر دېپوتاتلىق ئورۇنغا ئېرىشكەن ئىدى. ”ئۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەشكا تىلىم كاملىق قىلىدۇ! بىزنىڭ دېپوتات سانىمىز 12 نەپەردىن 107 نەپەرگە كۆپەيگەن ئىدى!“
مىللى سوتسىيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى ئەزالىرىنى ھەيران قالدۇرغان ئىش، ئۇلارنىڭ ئۆكتىچىلىرىنى يىرگەندۈرۈپ قاتتىق چۈچىتىۋېتىدۇ. بىرەر خاتا بولۇپ يۈرمىسۇن دەپ، مەسئۇل كىشىلەر سايلام بىلەتلىرىنى قايتا-قايتىلاپ ساناپ تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. سېلىشتۇرۇشتىن ھېچ قانداق بىر خاتالىق كۆرۈلمىگەندىن كېيىنلا ئاندىن سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشىدۇ: ناتسىستلار 6 مىليون 371 مىڭ ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئومۇمى ئاۋازنىڭ 18 پىرسەنتتىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلماقتا ئىدى. ئىككى يىلغىمۇ يەتمىگەن قىسقا ۋاقىتىلا ھىتلېرنىڭ پارتىيىسى 810 مىڭ ئاۋازدىن بىراقلا 6 مىليوندىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ ئىمپېرىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ پارتىيىسى ھالىغا كېلىۋالغان ئىدى. ھىتلېرنى سىياسىي سەھنىدە ئۆلدى دەپ ئېلان قىلىشقىنىدىن كېيىن، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى خاتا ھالدا كۈرەش نىشانىسىنى قىزىللارغا قارشى تۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرگەن ئىدى.
كومپارتىيىمۇ 1 مىليون 326 مىڭ ئاۋازغا ئېرىشىشتەك زور ئۇتۇققا ئېرىشىدۇ. ئەمما سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەر بولسا بۇ قېتىمقى سايلامدا 60 مىڭ ئاۋازدىن مەھرۇم بولىدۇ. بۇ ئەھۋال شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ھىتلېرنىڭ غەلىبىسىنى، ئوتتۇراھال سىنىپلار پارتىيىلىرىنىڭ خاتالىشىشلىرى بەدىلىگە قولغا كەلگەن دېيىشكە بولاتتى. ناتسىستلارنىڭ ئېرىشكەن ئارتۇق ئاۋازلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېھقانلار بىلەن ئوتتۇرا-تۆۋەن دەرىجىلىك سىنىپلاردىن، شۇنىڭدەك گېرمانىيىنىڭ شىمالىدىكى پروتېستانلار تەۋەسىدىن كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ كاتولىكلاردىن قولغا كەلتۈرگەن ئاۋازلىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. پىۋىخانا قوزغىلىڭىدىن بۇرۇن ھىتلېر ئاساسەن يۈز ئۆرىگەنلەر ئارىسىدىن، ئويغانغانلار ئارىسىدىن ۋە ئۈمىتسىزلەر ئارىسىدىن ئاۋاز توپلاپ كەلگەن بولسا، مانا ئەندى ھىتلېرنى ياخشى كۈن كۆرۈشىمىز ئۈچۈن يېتەكچى ئادەم دەپ ئۈمىد قىلغان كىشىلەرنىڭ ھىمايىسىغا ئېرىشكەن ئىدى. سايلامغا قاتناشقانلارنى ھىتلېر تەرەپكە جەلىپ قىلغان سەۋەب ھىتلېرنىڭ ئىلاستىكىلىق جەلىپ قىلىش كۈچى بىلەن ئۇنىڭ ئىنتايىن جانلىق نۇتۇقلىرى ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنى ئاۋاز ساندۇقىغا باشلاپ كېلەلىگەنلەر ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلغان پارتىيىنىڭ ئاساسى قاتلاملىرىدىكى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ياچىكا رەھبەرلىرى بىلەن ياچىكا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ھارماي-تالماي قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
ئۆتكەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، خانفىستايىنگىلنىڭ ئاچچىق قىلىپ ئېيتقان سۆزلىرى ھىتلېرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرغان بولسا، سايلامدا قولغا كەلتۈرگەن ھەيران قالارلىق نەتىجىلەر خانفىستايىنگىلنى قايتىدىن ئەتىۋارلىق ئورۇنغا ئىگە قىلغان ئىدى. ھېس، تېلىپوندا، ”ھىتلېر سېنىڭ بىلەن دەرھال كۆرۈشمەكچى“ دەپ خەۋەر قىلىدۇ. ھىتلېر، يېرىم سائەتكە قالماي خانفىستايىنگىلنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭدىن پارتىيىنىڭ چەتئەللىك مۇخپىرلارنى كۈتىۋېلىش بىيروسىنىڭ مۇدىرلىكىنى ئۈستۈڭگە ئېلىشنى خالامسەن دەپ سورايدۇ. ”ئىشلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى بەكلا پارلاق. بىر قانچە ئايغا قالمايلا، كۆپ بولسا بىر-ئىككى يىل ئىچىدىلا مەملىكەت بويىچە ھوقۇققا ئېرىشەلەيمىز، بۇنىڭغا ئەندى ھېچ كىم توسالغۇلۇق قىلالمايدۇ. سېنىڭ مۇناسىۋەت دائىرەڭ بەكلا كەڭ. شۇڭا ئىشلىرىمىز ئۇچۈن بەكلا كۆپ تۆھپە قوشالىشىڭ مۇمكىن.“
خانفىستانگىر ھىتلېرنىڭ بۇ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتمەي، ھىتلېر بىلەن بىرلىكتە لېيپزىگقا بارىدۇ. ئۇ يەردە ئۈچ نەپەر ياش ئوفىتسېر ئارمىيە ئىچىدە ناتسىستىزم تەشۋىقاتى بىلەن شوغۇللانغان دەپ سوتقا تارتىلىۋاتقان ئىدى. 25-سىنتەبىردە، ھىتلېر ئۆزى بىۋاستە سوتتا شاھىتلىق قىلىپ، سوتتا ھەممە كىشىنى ئۆزىگە قارىتىۋالىدىغان ئىنتايىن ئاقىلانە، بەكلا ئىككى قىرلىق سۆز قىلىدۇ. ئۇ، تىنچ ئۇسۇلغا تايىنىپ، يەنى سايلامغا قاتنىشىش ۋاستىسى ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئارمىيىگە سادىق بولىدىغانلىقىنى، نومۇس قىلىنارلىق ۋېرسايىل  شەرتنامىسىنى بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ”قانۇنسىز تەدبىرلەرگە مۇراجەت قىلىشقا مەجبۇر قالغىدەك بولسىمۇ“ قىلچە چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ نۇتقىنى تۈگىتىپ بولۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئىنقىلابچىلارغا قەسەم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ھاكىمىيەتنى قولغا ئالار-ئالماي دەرھال مىللى سوتسىيالىزم سوتىنى قۇرۇپ چىقىمەن.244 ”ئەنە شۇ چاغدا، 1918-يىلىنىڭ نويابىر ئىنقىلابىدىن قىساسىمىزنى ئالىمىز، ئەنە شۇ چاغدا ئۇلارنى جادىغا تۇتىمىز!“ دەيدۇ. ئۇ، يەنە بىر قېتىم سىياسىي جەھەتتە جانلىق ئۇسۇلدىن پايدىلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن شەھەر خەلقى بىلەن ئىنقىلابچىلار تەڭلا دېگىدەك قايىل بولىدۇ. شەھەر خەلقىگە تىنچلىقنى ۋەدە قىلغان بولسا، ئىنقىلابچىلارغا قانلىق قىساس ۋەدىسىنى بېرىدۇ. ئۇنىڭ نۇتقىنىڭ ئۆنۈمى گېرمانىيە چېگرالىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىدۇ. ھىتلېر ئەندى گېرمانىيىدىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆزلەۋاتقىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋېرسال شەرتنامىسى ھەققىدىكى كۈشكۈرتۈش خاراكتېرىدىكى سۆزلىرى ئادەتتىكى بىر سىياسىيوننىڭ سۆزلىرىدەك ئەھمىيەتسىز سۆزلەر قاتارىدا قارىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
خانفىستايىنگىلمۇ چەتئەللىك مۇخپىرلارنىڭ قورشاۋى ئىچىدە قالغان ئىدى. مۇخپىرلار ئۇنىڭدىن بەس-بەس بىلەن گېرمانىيىدىكى يېڭى ئەھۋاللار ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەلىۋىدە بولۇنماقتا ئىدى. ھىتلېرمۇ ئالدىراش-تىنەش لوندوندا چىقىدىغان «يەكشەنبىلىك تىز خەۋەر» گېزىتى ئۈچۈن بىر پارچە ماقالە تەييارلايدۇ. ”بۇ قېتىمقى سايلام، گېرمانىيە خەلقىنىڭ قىزىتمىسىنى ئۆلچىگەندەكلا بىر سايلام بولدى. — دەيدۇ ھىتلېر ماقالىسىدا، — پۈتۈن دۇنيا شۇنى ھەيرانلىق ئىچىدە كۆرمەكتىكى، گېرمانىيىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلىمەكتە — قىزىتمىسى بەكلا يوقۇرى. مەۋجۇت ۋەزىيەت بىلەن چىداش مۇمكىن بولمىغان ئېغىر يۈككە قارشى چىقىش ئۈچۈن بۇ قىزىتما تەبىئىي ھالدا داۋاملىق يوقىرى ئۆرلەيدۇ.“ ھىتلېر ۋېرسال شەرتنامىسى بىلەن ”ياشلار پىلانى“ نىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىلا تەلەپ قىلىپ قالماي، يەنە ”بەدىنىمىزدىن بىر پارچە گۆشىمىز شۈلىۋېلىنغاندەك بىر ۋەقە بولغىنى ئۈچۈن پولشا كورىدورىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى“ مۇ تەلەپ قىلىمىز دەيدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇ گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇش قوزغىغۇچى جىنايى جاۋابكار ئىكەنلىكى قەتئىي رەت قىلىپ، پرىزدېنت ۋالېسۇننىڭ ئۆزى ئىمپىرىيىگە بەرگەن داغدۇغىلىق قەسىمىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىپلەيدۇ. ”ئەگەر گېرمانىيە خەلقى خۇددى بۈگۈنكىدەك جاپا تارتىشنى خالايدىغانلا بولىدىكەن، ئۇلار ئەتىمۇ ئوخشاشلا بۇ جاپانى تارتىپ كېتىۋېرىدۇ. — ھىتلېر نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: — ئۇنداقتا بىز ’بەس يېتەر‘ دەپ توۋلاپ تۇرۇپ جاپا تارتىشىمىز كېرەككى، ھەرگىز ’بوپتىلا‘ دەپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ جاپانى ئۈستىمىزگە يۈكلەپ قويىشى بىلەن جاپاغا قالماسلىقىمىز كېرەك.“
بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ھىتلېر ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئۇ لوندوندا چىقىدىغان «تايمىس» گېزىتىنىڭ مۇخپىرىغا ئۆزلىرىنىڭ مۇتلەق تۈردە قانۇن يول قويغان دائىرى ئىچىدە پائالىيەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ”شۇنداق بولغاچقا، ئەگەر بىز سىلەرگە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدىغان بولساق، يەنى سىلەر بىزنىڭ ئورنىمىزدا بولسا ئىدىڭلار، ئۇ ھالدا بىزنى ئەيىپلىمەسلىكىڭلار كېرەك ئىدى. مەن ئەنگىلىيىنىڭ ھەرگىزمۇ گېرمانىيىنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمايمەن. شۇنداقتىمۇ، ئەگەر ئەنگلىيە گېرمانىيىدەك ئەھۋال ئاستىدا قالغىنىدا، ئەگەر ئەڭ مۇشەققەتلىك ئەھۋال ئاستىدا قېلىپ ئارقىسىدىن ئوق يەپ، كېيىن يەنە قايتىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكىدەك بولسا ئۇلار قانداق مۇئامىلە قىلار بولغىيدى؟ شۇ كۈنلەردە ئەنگىلىيىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىرى ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش نىيىتىدە يۈرگەن كىشىلەرگە قانداق قىلار؟“
ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، يەنى 13-ئۆكتەبىر كۈنى، 107 نەپەر قوڭۇر كۆڭلەكلىك ناتسىست دېپۇتات قاتار تىزىلغىنىچە پارلامېنت زالىغا كىرىپ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. يوخلىما ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ”بار! خايىل ھىتلېر!“ دەپ قاتتىق ئاۋازدا جاۋاب بېرىشىدۇ. سوتسىيالىزمچىلارنىڭ ۋەكىلى بولغان تونى سېندېر بۇنداق ۋارقىراپ جاۋاپ بېرىشتىن بەكلا ھەيران قالىدۇ: ”مانا بۇلار ئارىيان مىللىتىنىڭ ھەقىقى جەۋھەرلىرى! بۇ بىر تۈركۈم غەلۋىچى، ۋارقىراپ جارقىراپلا يۈرىدىغان ئۈنفورما كىيگەن مەلئۇنلار! مەن ئۇلارنىڭ چىرايىغا ئىنچىكىلىك بىلەن سەپ سالدىم. مەن ئۇلارنىڭ چىرايىغا قانچىكى سەپ سالسام، ئۇلارنىڭ چىرايىدا كۆرۈلگەن ھالىتىدىن شۇنچە قاتتىق ھەيران قالدىم: بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كۆزۈمگە جىنايەتچى، چۈشكۈنلۈك ئىچىگە پېتىپ قالغان كىشىلەرنىڭ قىياپىتىدە كۆرۈنەتتى. بۇنىڭدەك مەلئۇنلار بىلەن بىر قاتاردا ئولتۇرۇش نېمە دېگەن ئېغىر نومۇس!“
گرېگور ستراسسېرنىڭ پارلامېنت سەھنىسىدە سۆزلىگەن سۆزىنىڭ خېلى سالمىقى بار ئىدى: ”قەدىمىمىز مۇشۇ يەرگىچە، يەنى پارلامېنتقىچە. دېموكراتىيە مەۋجۇتلا بولىدىكەن، بىزمۇ شۇ كونا تۈزۈم بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرمىز. … ئېھتىياجىمىزغا ئۇيغۇنلا كېلىدىكەن، بىزمۇ ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنى ھىمايە قىلىمىز.“ ئەمما پايتەخت كوچىلىرىدىكى ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، يۈز بەرگەن ئىشلار كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرنىڭ شەپىسىدەكلا سېزىلمەكتە،245  فورمىلىق يۈزلىگەن ھۇجۇمچىلار ئەزالىرى يەھۇدىيلارنىڭ دۇكان، قەھۋىخانا ۋە تۈرلۈكماللار ماگازىن دېرىزىلىرىنى يامغۇردەك تاشقا تۇتماقتا ئىدى.

5
ھىتلېرنىڭ قارىشىچە سىنتەبىر ئومۇمى سايلىمىغا ئۇلۇشۇپلا كەلگەن خەلقئارالىق تەشۋىقاتلار بىر تەرەپتىن ياخشى ھېسابلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ياخشى ئەمەس ئىدى. ھىتلېرنىڭ داڭقى چىقىشقا ئەگىشىپ ئۇنىڭ نەۋرە بالىسى، ئاپىسى بىلەن بىرلىكتە ئەنگىلىيىدە تۇرىۋاتقان ۋىللىيام پاترىك ھىتلېر ئۇشتۇمتۇت ئۇنى يوخلاپ كېلىدۇ. 1909-يىلى، دۇبلىندا كۈتكۈچىلىك قىلىپ يۈرگەن ئۈگەي ئاكىسى ئالويىسچىك، برىگ ئېلىزابېت دوۋلىڭ دېگەن ئېرلاندىيىلىك بىر قىز بىلەن توي قىلغان ئىدى. ئالويىسچىك تىنماي ئىش يۆتكەپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن تۇرمۇشى بەكلا جىددىچىلىك ئىچىدە ئالدىراش ئىدى. ئالويىسچىك ئاۋال لىۋېرپولدا بىر كىچىك ئاشخانا ئاچقان. كېيىن بۇ ئاشخانىنى سېتىۋېتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئىجارىگە بېرىدىغان بىر ئوپچە ياتاق سېتىۋېلىپ مېھمانخانا خوجايىنى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ ئىشتىمۇ ۋەيران بولغاندىن كېيىن، بىرىتىۋا ساتىدىغان ئۇششاق تىجارەتچىلىك  بىلەن شوغۇللانغان. برىگ بۇنداق قىيىن تۇرمۇشقا كۆنەلمەي نەچچە قېتىم ئىشنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن ئىدى. ۋىللىيام پاتىرىك تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئالويىسچىك ئاتىسىنىڭ تۇتقان قاتتىق قول يولىنى تۇتۇپ بالا دېگەننى كىچىكىدىن تارتىپلا چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇش كېرەك دەپ قاراپ، ئايالى يوق ۋاقىتلاردا بۇۋىقىنى نەچچە قېتىم قاتتىق ئۇرۇپ قىينىغانلىقى سەۋەبىدىن ئەر-خۇتۇن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى جىدەل تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن. ۋىلىللىيام پاترىك 3 ياشقا تولغىنىدا بۇ ئائىلە پارچىلىنىپ كېتىدۇ. برىگنىڭ دېيىشىچە ئالويىسچىك ئۇلارنى تاشلىۋېتىپ ئۆزى يالغۇز گېرمانىيىگە كېتىۋالغانمىش؛ ئەمما ئالويىس يېقىنلىرىغا باشقىچە گەپلەرنىمۇ قىلىپ يۈرگەن بولۇپ، ئايالىم بىر ئېنجىنېرنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالدى، بالامنىمۇ ئېلىپ كەتتى دەپ سۆزلەپ يۈرگەن.
برىگ بىلەن ئوغلى ئىككىسى گېزىتلاردىن ھىتلېرنىڭ ئومۇمى سايلامدا غەلىبە قىلغانلىق خەۋىرىنى كۆرۈپ، ”بۇ ئىش پۇل يۇلىۋېلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قارايدۇ-دە، ھېرست گېزىتى مۇخپىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.“ ھەر نېمە دېگەن بىلەن، ئالويىسچىكمۇ ئائىلىسى ئۈچۈن زادىلا پۇل ئىۋەرتىپ باقمىغاندە! شۇنداق قىلىپ، ئۇلار لوندوندا ھېرست گېزىتىنىڭ ۋەكىلى بىلەن كىلىشىمنامە ئۈچۈن سۆزلىشىدۇ. ئۆكتەبىر باشلىرىدا، ۋىلىللىيام پاترىكنىڭ رەسىمى ئامېرىكىدىكى گېزىتلاردا كەينى-كەينىدىن بېسىلىدۇ. بۇ رەسىمگە بېرىلگە چۈشەندۈرۈشتە، ”لوندوندا ئىشلەپ يۈرگەن تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەتچى ۋىللىيام پاترىك ھىتلېر گېرمانىيىدىكى يېڭى سىياسىي كاتتىۋاش ئادولف ھىتلېرنىڭ جىيەنى بولىدىكەن. بۇ كىشى لىۋىرپۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىك ئاتىسىنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە بەك كۆپ نەرسە بىلمەيدىكەن“ دەپ يازىدۇ. راس دېمىسىمۇ ئۇ ھىتلېر ھەققىدە تۈزۈك بىر نېمە بىلمەيتتى. شۇڭا ئۇ ئاتىسىغا خەت يېزىپ، بۇ يېڭى سىياسىي داھىنىڭ ھايات ھىكايىلىرىنى ئېيتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ”دادامدىن جاۋاب خەت ئالدىم. — دەيدۇ خېلى يىللاردىن كېيىن ستراتىگىيىلىك ئاخبارات باشقارمىسىدىن كەلگەن زىيارەتچىگە، — ئاتام خېتىدە، ئادولف ئائىلە يىغىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن ساڭا بۇ خەت بىلەن بىرگە پاراخوت بىلىتىنى قوشۇپ ئىۋەرتتىم. دەرھال كەل، دەپتۇ“ دەپ سۆزلەپ بەرگەن. ئۇ ئاپىسى بىلەن بىرگە ميۇنخېنغا بارغىنىدا ھىتلېرنىڭ ”غەزەپتىن يېرىلىپ كەتكىدەك“ ھالغا كەلگەنلىكىنى كۆرگەن. ئانگېلا لاپور بىلەن ئالويىسچىكلارمۇ قاتناشقان بۇ ئائىلە يىغىنىدا، ھىتلېر ”مېنىڭ ئىناۋىتىم كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈپ بارماقتا. شۇڭا سىلەر مېنىڭ ئۈستۈمدە ئولتۇرىۋېلىپ ئابرويىمدىن پايدىلىنىش خىيالىنى قىلىشقا ھەققىڭلار يوق. — دەيدۇ. ھىتلېر سۆزىنى داۋام قىلىپ، ئالويىسچىكنىڭ برىگ بىلەن ئاجرىشىپ بولالمىغانلىقى، شۇنىڭدەك قايتىدىن يارىشىۋالغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە سىرلىرىنى ھېرست گېزىتىغا ئاشكارىلىۋەتكەنلىكىنى، بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇققا ئېرىشىش پۇرسىتىنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىدۇ. — مەن ئەزەلدىن ئۆزەمنىڭ شەخسى ئىشلىرىمنى مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىماسلىق ئۈچۈن قاتتىق دىققەت قىلىپ كەلگەنمەن! — (ۋىلىللىيام پاترىكنىڭ ئارىدىن 9 يىل ئۆتكەندە «پارىژ كەچلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدا دېگەنلىرىگە قارىغاندا) — مېنىڭ ھايات سىرلىرىمنى بۇ تۈردىكى كىشىلەر بىلمەسلىكى كېرەك. ئۇلار مېنىڭ نەلىك ئىكەنلىكىمنى، قانداق بىر ئائىلىدىن كەلگەنلىكىمنى ھەرگىز بىلمەسلىكى كېرەك. … شۇ سەۋەپتىن مەنمۇ يازغان كىتابىمدا بۇ ئىشلار ئۈستىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم.246 راستىنلا بۇ ھەقتە گەپ قىلمىغان ئىدىم. ئەمما بۈگۈن قارايدىغان بولساق، ئۇلار مېنىڭ جىيەنىمنى تۇيۇقسىزلا تونۇپ قالغان. ئۇلار مانا ئەندى جاسۇسلىرىنى يوللاپ مېنىڭ يىلتىزىمنى قېزىپ چىقىرىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئىشىغا كىرىشىپتۇ.“ ئۇ  «پارىژ كەچلىك گېزىتى» دە بېسىلغان ماقالىنى تىلغا ئېلىپ غەزەپ بىلەن مۇنداق دەپ ئېلان قىلىدۇ: ئاتىسى ئالويىسچىك (ئالويىسمۇ بۇ گەپلەرگە بىر نېمە دېمەي جىم ئولتۇرىۋالىدۇ) ئاتىمىز ئالويىس ھىتلېرنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى بولغاچقا، ۋىللىيام پاترىك دېگەن بۇ ئادەم مېنىڭ بىرەر تۇققىنىممۇ ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئاپىسى بىلەن بىرلىكتە (ستىراتىگىيىلىك ئاخبارات باشقارمىسىن كېلىپ زىيارەت قىلغان ئادەمنىڭ گېپىگە ئاساسلانغاندا) دەرھال لوندونغا قايتىپ كېتىشى، ھەمدە ھېرسىت گېزىتىگە خەۋەر قىلىپ، ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى باشقا بىر ئادولف ھىتلېر ئىكەنلىكىنى، بۇ كىشىنىڭ ئۇلار بىلەن ھېچ قانداق بىر تۇققانلىق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق ھەل قىلىش چارىسىدىن ھىتلېر ”ئىنتايىن مەمنۇن“ بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئانا-بالا ئىككىسىنى ”ئىمكان بار تېزلىكتە ئەنگىلىيىگە قايتىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى، بۇندىن كېيىن ئۆزى بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزىشى“ كېرەكلىكىنى جىكىلىگەندىن كېيىن، ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ ميۇنخېندىكى چىقىملىرى بىلەن ئۆيىگە قايتىش يول كىراسى ئۈچۈن ئالويىسچىكقا 2 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى پۇل تۇتقۇزغان. ئالويىسچىك ئۇلارغا ميۇنخېندا خەجلەيدىغان پۇللىرى بىلەن قاتناش بېلىتىنى ئېلىپ بەرگەن. ئاشقان پۇلنى يولدا يوقۇتۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئۆز پىتى ئۇلارغا كەينىدىن پوچتىدىن ئىۋەرتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىن ۋىللىيام پاترىك قەسەم قىلغان ھالدا، قالغان پۇلدىن بىر تىيىنىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق دەيدۇ (قىزىق يېرى، شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، نيۇيوركتىكى ھېرست مەتبۇئاتى بولغان «ئامېرىكىلىق» تا ئالويىسچىك ھىتلېر نامىدا ئادولف ھىتلېر ھەققىدە بىر پارچە ماقالە بېسىلىدۇ. بۇ ماقالىدا، ئالويىسچىك ئىنىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇماق، مەرت بىر بالا ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك خىيالپەرەس بىرسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىيالى بىلەن رىياللىق ئوتتۇرىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرقى بارلىقى ھەققىدە توختالغان. ماقالىدا، ئادولف، ئاپىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن سىڭلىسىنى ۋيېنناغا ئالدۇرىۋالغان؛ ئۇ يەردە، ئاكا-سىڭىل ئىككىسى رەھىمسىز يوقسۇزلۇق بىلەن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانمىش؛ ئالويىسچىك  ماقالىسىنىڭ داۋامىدا مۇنداق دەيدۇ: ئادولف، پاۋلا بىلەن بىرگە تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ھەتتا كوچا تازىلىقى دېگەندەك ئېغىر ۋە پاسكىنا ئىشلارغىمۇ ياق دېمىگەن؛ كېيىن ئادولف ميۇنخېنغا كېتىپ، ئۇ يەردە ئۆي ئاقلاش، ئۆي بىزەش دېگەندەك ئىشلار بىلەن شوغۇللانغانمىش).
ۋىللىيام پاترىك بىلەن ئاپىسى ئىككىسى ئەنگىلىيىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇزۇنغا قالماي، ھىتلېر ئادۋوكاتىنى پرىنزرېگېنتېنپلاتز مەيدانىدىكى ئۆيىگە چاقىرىدۇ. ھىتلېر، ئالدىدا تۇرغان بىر پارچە خەتنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: ”بۇ خەت 'ئىنتايىن قەبىھ' پۇل ئۈندۈرىۋېلىش دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە خەت. بۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان بىر تۇققىنى پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ ئىش ئۇنىڭ بوۋىلىرىغا بېرىپ چېتىلىدىغان بىر ئىش“ دەيدۇ. خانس فرانكنىڭ ئەسلىمىسىدىن قارىغاندا، ھىتلېر ئۆچ تۇققىنىم دەپ ۋىللىيام پاترىك ھىتلېرنى ئىشارەت قىلغان ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ بىر ئىماسىغا ئاساسەن گېزىت ساھەسىدىكىلەر ھىتلېرنىڭ بوۋىلىرىدىن بىرىنىڭ بىر ئىشىغا بەكلا قىزىقىپ قالغان. يەنى ھىتلېرنىڭ قېنىدا مەلۇم مىقداردا يەھۇدىي قېنى بار دەپ گۇمان قىلىناتتى. شۇڭا فۈھرېر بۇ ئىشنىڭ يوشۇرن تەكشۈرۈلىشىنى فرانكقا تاپشۇرىدۇ. فراكنىڭ ”قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغان بارلىق مەنبەلەر“ دىن توپلىغان دوكلادى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى خاتىرجەم قىلىدىغان گەپلەر ھېسابلانمايتتى: ھىتلېرنىڭ دادىسى قارىغاندا ”لىنز شەھىرى ئەتىراپىدىكى لېئوندىڭدىكى شىكلگرۇبېر فامىلىلىك بىر ئۆي خىزمەتچىسى قىزدىن تۇغۇلغان نىكاسىز بالىمىش.“ يەنى بۇ ئايال، يەنى ھىتلېرنىڭ ئاتا تەرەپ مۇمىسى بولغۇچى بۇ ئايال كراز كەنتىدىكى بىر ئائىلىدە خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ ئۆي خىزمەتچىسى ئايال، ”فرانكېنبېرگېر دېگەن بىر يەھۇدىيغا ئۆي خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ۋاقىتلاردا بىر بالا تۇغقانىكەن. 1830-يىللار ئاخىرلىرىدا فرانكېنبېرگېر ئۆزىنىڭ 19 ياشلىق ئوغلىغا ۋاكالىتەن شىكلگرۇبېر فامىلىلىك ئايالغا تۇققان بالىسى ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈنىدىن تارتىپ 14 ياشقا كىرگىچە مەلۇم مىقداردا 'ئاتىلىق ياردەم پۇلى' تۆلىگەنمىش.“ شۇنىڭدەك بۇ فرانكېنبېرگېر دېگەن كىشى بىلەن ئۇ ئۆي خىزمەتچىسى ئايال (ھىتلېرنىڭ چوڭ مومىسى) ئۇزۇنغىچە خەت-ئالاقە قىلىشىپ ئۆتكەنىكەن. ”يېزىشقان خەتلىرىدە تەخمىنەن مۇنداق گەپلەر يېزىلغانمىش: شىكلگرۇبېرنىڭ بۇ بالىغا ئېغىر ئاياق بولۇپ قالغان ۋاقتى، يېرى قاتارلىقلار دەل توغرا كېلىدىغانلىقى بۇ ئىشقا سەۋەپچى بولغان كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئايان بولغانلىقى ئۈچۈن، فرانكېنبېرگېرمۇ بۇ ياردەم پۇلىنى بېرىشكە مەجبۇر قالغانمىش.“247  فرانكنىڭ بۇ دوكلاتىدا، ھىتلېرنىڭ ئاتىسىدا يېرىم يەھۇدىي قېنى بارلىقىنى ئىنكار قىلىش ئىمكانىيىتى يوق، دەيدىغان كۆڭۈلسىز بىر خۇلاسە چىقىرىلغان.
فۈھرېر، فرانكنىڭ خۇلاسىسىغا قاتتىق غەزەپ بىلەن نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. ئۇ پەرىشانلىق ئىچىدە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇنىڭ بوۋىسى نامراتلىق دەردىدە چارىسىز قالغاچقا، فرانكېنبېرگېرنى يالغاندىن ئاتىلىق قىلىش مەجبۇرىيىتىڭ بار دېگەننى باھانە قىلىپ ياردەم ھېساۋىدا ئۇنىڭدىن خېلى كۆپ پۇل ئۈندۈرىۋالغانىكەن، دەپ ھىكايە توقۇپ چىقىرىدۇ. ھىتلېر، بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭ ئاتىسى بىلەن چوڭ ئانىسى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ قەسەم قىلىدۇ . فرانكنىڭ توپلىغان ئىسپاتلىرى ھىتلېرنى ئېغىر ئالاقىزادە قىلىۋەتكەنلىكى ئېنىق. بولمىسا ئۇ قانداقمۇ بۇنچىۋالا يالغاندىن بىرنى توقۇپ چىقىرىشى مۇمكىن؟ ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ تۇغۇلغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ چوڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكىنىگە 40 يىل بولغان ئىدى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ چوڭ ئانىسىنىڭ يەھۇدىيدىن راستىنلا پۇل ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ قېنىنىڭ ساپ ئەمەسلىك ئېھتىمالى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن ئىدى. ئەسلىدە ئادولف ھىتلېردا قىسمەنلىكتە بولسىمۇ يەھۇدىي قېنى ئارىلىشىپ قېلىش ئېھتىمالى بەكلا ئاز ئىدى (كراز ئۇنىۋېرسىتېتىدىن نىكولاس پرېرادوۋىچنىڭ تەتقىقاتى فرانكنىڭ كۆرسەتكەن پاكىتلىرىدا بىر مۇنچە گۇمانلىنىشقا تېگىشلىك نوقتىلارنى كۆرسەتمەكتە. ئاۋسترىيىنىڭ كراز دېگەن يېرىنىڭ يەھۇدىيلار تىزىملىك ژۇرنىلىدا فرانكېنبېرگېر ياكى فرانك دەيدىغان بىرەرسىنىڭ تىزىمى تېپىلمىغان. بۇ تىزىملىك دەپتەرلىرى 1856-يىلى، يەنى ھىتلېرنىڭ ئاتىسى تۇغۇلۇپ 19 يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن يەھۇدىيلارنى تىزىملاش باشلانغان. بۇنىڭ سەۋەبى، يەھۇدىيلار 1496-يىلى ستېرىرماركتىن قوغلاپ چىقىرىلغان بولۇپ، 1856-يىلىسىلا ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنغان. پرېرادوۋىچنىڭ دېيىشى بويىچە، ئۇنىڭ ئالدىدا كرازدا ”بىرمۇ يەھۇدىي يوق“ ئىكەن. — ئا.ھ. ئى). ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ ئۆزى قېنىدا يەھۇدىي قېنى بارلىقىدىن قورقىشى ئىدى. تېخىمۇ ئىشەنچ قىلىش ئۈچۈن ھىتلېر بۇ ئىشنى كامىدا قايتا ئىككى قېتىم تەكشۈرتۈپ كۆرگەن. 1917-يىلىدىن تارتىپ ھىتلېرنى تونۇيدىغان ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى شۇخنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ”ئۇ ئۆمۈر بويى 'مېنىڭ قېنىمدا يەھۇدىي قېنى بارمۇ-يوق' دەپ  گۇمانلىنىپ ئازاپلىنىپ يۈرگەن. ئۇ دائىم بىز بىلەن بۇ جەھەتتە پاراڭلىشىپ كېتەتتى.“ ھىتلېر باشقىلاردىن ئارىيان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۈججىتىڭلارنى چىقىرىڭلار دەپ تەلەپ قىلغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئۆزى بۇنداق بىر ئىسپاتنى چىقىرالمىغان ئىدى. ئەنە شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ ۋىللىيام پاتىرىكقا ”ئۇلار مېنىڭ نەلىك ئىكەنلىكىم، قانداق بىر ئائىلىدىن كەلگەلگەنلىكىمنى قەتئىي بىلمەسلىكى كېرەك“ دېگىنىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى شەخسى باش ئاغرىقىلار ھەر قانچە بېشىنى قايدۇرۇپ كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر،  ھىتلېرنىڭ 1931-يىلى ھەققىدىكى مۆلچەرى يەنىلا ياخشى ئىدى. ئۇ بىر كېچىدىلا ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتابنىڭ ئاپتورىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتابى نەشرى قىلىنغىنىدىن بۇيان يىلىغا ئارانلا 6 مىڭ نۇسخىدىن سېتىلىپ تۇرغان بولسا، بۇندىن بىر يىل بۇرۇن، كىتابنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئېشىپ بىراقلا 54 مىڭ 86 پارچىغا يېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ كىتاۋى ئۇنى ئايىغى ئۈزۈلمەس ئىقتىسادىي مەنبەگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا، پارتىيىنىڭ يېڭى مەركىزى بولغان ”قوڭۇر بىنا“ مۇ يېڭى يىل بايرام كۈنىسى ئېچىلىدۇ. ھىتلېر قاتناشقان يىغىلىشلارنىڭ كىرىملىرى، ئىنئانىلار ۋە پارتىيە بەدەل پۇلى قاتارىدىكى ھەر تۈرلۈك يەرلەردىن كەلگەن مەبلەغلەردىن توپلانغان پۇلغا سېتىۋېلىپ بىزەپ چىقىلغان بۇ بىنا، ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەمەلى گەۋدىسى ۋە ۋەزىپىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. ھىتلېرنىڭ، ھېسنىڭ، گيوبېلسنىڭ، ستراسسېرنىڭ ۋە پارتىيە گۇۋاردىيىسى (SS) نىڭ ئىشخانىلىرى ئىككىنچى قەۋەتكە ئورۇنلاشقان ئىدى. فۈھرېرنىڭ ئىشخانىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە بويالغان بەكلا چىرايلىق بىر ئىشخانا ئىدى. ئىگىز دېرىزىسى شىپقا تاقالغان بولۇپ، كۆنىگسىتراس مەيدانى تۆۋەندە تولۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئىشخانىدا مۇسسولىننىڭ چوڭ يېرىم ھەيكىلى تىكلەنگەن، تاملاردا بەكلا كۆپ رەسىم ئېسىلغان بولۇپ، بۇ رەسىملەردىن بىر پارچىسى ئىمپىراتور فرېدېرىخنىڭ رەسىمى، يەنە بىرسى فۈھرېر تۇرغان پولكنىڭ تۇنجى قېتىم فلاندېرسقا ھۇجۇم قىلغان ۋاقتى تەسۋىرلەنگەن بىر رەسىم ئىدى. ”ھىتلېر ئىشخانىسىدا كۆپ ئولتۇرمايتتى. _ دەيدۇ فراك ئەسلىمىسىدە، ئۇنىڭ ئىشلەش سىستېمىسى بەكلا قالايماقان ئىدى. ئۇ خۇددى قۇيۇنتازدەك تۇيۇقسىزلا كىرىپ كەلسە، ئورنىغا ئولتۇرار-ئولتۇرمايلا يەنە شامالدەك چىقىپ كېتەتتى. ئەگەر ئىشخانىسىغا قامىلىپ قالغىدەك بولسا، ئىشلىرىنى ئالدىراش-تىنەش تۈگۈتۈپ بولۇپلا كىشىلەرگە بىرەر سائەت نۇتۇق سۆزلەپ كېتەتتى.“
ھىتلېر تۆۋەن قەۋەتتىكى كىچىك تاماقخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى.248 ئۇ يەردە مەخسۇس ”فۈھرېر“ گە ئاتالغان بىر ئۈستەل بار بولۇپ، ياندىكى تامدا دىترىخ ئېكارتنىڭ رەسىمى ئېسىغلىق ئىدى. ھىتلېر كېيىنچە بۇ يەردىنمۇ زېرىكىدۇ. ”قوڭۇر بىنا“ دىكى ئىشخانا ھاياتى ئۇنىڭ خاراكتېرىگە پەقەتلا ماس كەلمەيتتى. ئۇنىڭ مىجەزى جىم تۇرماي ھەرىكەت قىلىش ئىدى، يەنى ئۆزى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك پارتىيىسى ئۈچۈن خەلقنىڭ ھىمايىسىنى توپلاش، ياكى بولمىسا سىياسىي جەھەتتە ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۇنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغان كىشىلەر بىلەن ئىسىل سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنىلا ئارزۇ قىلاتتى. 1931-يىلى ھىتلېر دۈچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەقىقەتەنمۇ قىيىن مەسىلىلەر ئىدى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى پارتىيە قوشۇنىنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن كېڭىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەر ئىدى. پارتىيىنىڭ كېڭىيىشى، پارتىيە رەھبەرلىك ئورگىنىدىكى ھەر بىر بۆلۈمنى بەكلا كېلەڭسىز ھالغا كەلتۈرىۋەتكەن ئىدى. نەتىجىدە، ھەر قايسى تارماقلار بىر-بىرسى بىلەن سۈركىلىش قىلىپ، بىر-بىرسىدىن قىزغىنىشنى پەيدا قىلىپ تۇراتتى.
ھەممىدىن بەك ئېس-ئاچىلار قوشۇنى ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، بەكلا كۆپ ئېس-ئاچى ھىتلېرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قانۇنغا بوي سۇنغان ئاساستا ھەرىكەت قىلىش دەيدىغان تەلىماتىغا ئېتىۋار قىلىپ كەتمەيتى. ئۇلار ھەر دائىم زوراۋانلىق كۈچىدىن پايدىلىنىش ئەنئەنىسىدىن پەخىرلىنەتتى. شۇڭا ئۇلار نېمە ئۈچۈن ميۇنخېندىكى مەمورى ئەمەلدارلىرىنىڭ دېگىنىگە قۇلاق سېلىش زۆرۈر دېگەننى پەقەتلا چۈشىنەلمەيتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا غايىلىك كىشىلەر بولۇپ، نۇرغۇنلىرى خۇددى رىقابەتچىلىرىدىن بولغان كوممۇنىستلارغا ئوخشاش كۆڭلىدە سوتسىيالىزمنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىنقىلابى روھقا ئىگە ئاكتىپ كىشىلەر ئىدى. بۇ تەرىپى، دەل ھىتلېرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان تەرىپى ئىدى. ئىشنىڭ بېشىدىلا ھىتلېر ئېس-ئاچىلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن پىكىرگە كېلەلمەيدۇ. ئۇلار ئېس-ئاچىلار ئەترىتىنى پارتىيىنىڭ بىر قۇراللىق كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىشسا، ھىتلېر ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ بۇ قوشۇننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئاممىۋى يىغىلىشلارنى قوغداش، شۇنىڭدەك سىياسىي ساداقەت تەشۋىقاتى بىلەن شوغۇللىنىش دەپ قارايتتى. ھىتلېر بىلەن ئەڭ ئاۋال كىلىشەلمىگەن كىشى كاپىتان رۆم ئىدى. ئۇ ھىتلېر بىلەن پىكىر بىرلىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز ئىختىيارى بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىغا سۈرگۈنگە بېرىۋالغان ئىدى. كېيىن پفېفېر ۋون سالومون ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنى كۈچەيتىش تەلىۋىدە بولۇپ ياردەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇمۇ بۇ ئىشلاردىن قول ئۈزگەن ئىدى.
رەھبەرلەر ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئىختىلابى كۆرۈلۈش نەتىجىسىدە، تۆۋەندىكى ئەسكەرلەر ئارىسىدىمۇ بىر مۇنچە ئىختىلاپلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا باھانە بولۇپ بېرىدۇ. بۇندىن سەل ئاۋال، بېرلىندىكى قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەر، ئاچارچىلىق چېكىۋاتىمىز، ئىشىمىز ھەددىدىن ئارتۇق ئېغىر، ساقچىلار بىلەن قىزىللارغا قارشى ئۇرۇشۇشلاردا دائىم يارىلىنىپ ياكى تۈرمىگە قامىلىپ تۇرىۋاتىمىز، بىز يالغۇز پارتىيە مىتىنگلىرىدىلا كۈزەتچىلىك قىلىشتىن زىرىكتۇق دېگەنلەرنى باھانە قىلىپ ئىسيان كۆتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئاجىرتىلغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ بېرىش دېگەندەك 7 تۈرلۈك مۇۋاپىق تەلىۋىمۇ گيوبېلىس تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن بۇ قوشۇندىكىلەر ئاچچىقىنى بېسىۋالالماي ئەسەبىلىشىپ ھۇجۇمچىلار ئەترىتى ساقلاۋاتقان يەرلىك پارتىيە بىيروسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ ۋەقە ھىتلېر ئۆزى بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارىلاشقىنىدىن كېيىنلا تىنجىيدۇ. ئۇ قۇراللىق ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەمرالىقىدا SS قوشۇنىنىڭ ھەر تۈرلۈك يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ يۈرۈپ كۆپچىلىكنى يارىشىپ قېلىشقا چاقىرىدۇ. ھىتلېر خۇددى بىر كېسەلمەن بوۋاي ۋە بىر كەڭ قۇرساق ئاتىدەك سۆزلەپ يالۋۇرۇپ ۋەدە بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەيىپلەپ يۈرۈپ ئۇلارنى تىنجىتىدۇ. ئۇ سۆزلىرىدە قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەرنىڭ 7 تۈرلۈك تەلىۋى ھەققىدە ئارتۇق گەپ قىلماي بۇ ئىشلارنى شەخسى مەسىلىلەر قاتارىدا قاراپ كۆپچىلىكنى ئۆزىگە سادىق بولۇشىغا چاقىرىدۇ. ئاندىن ئۇ، ئۆزىنى ئېس-ئاچىلارنىڭ باش قۇماندانى دەپ ئېلان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئېس-ئاچىلار خوشاللىقىدىن بىردەك تەنتەنە قىلىشىىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى قىسقا ۋاقىت داۋام قىلغان توپىلاڭمۇ تىنجىيدۇ. ھىتلېرمۇ بۇ ئىشتىن قۇتۇلۇپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، نۆۋەتتىكى ئاساسلىق ئىشى بولغان سايلام ئىشلىرىغا تۇتۇش قىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئېس-ئېسچىلارغا رەھبەرلىك قىلىمەن دەپ ئېيتقان ۋەدىسى ئەسلىدە قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق ۋەدە ئىدى. ئەسلىدە ھىتلېرنىڭ بۇنداق ئىشلار بىلەن ھەپىلەشكىدەك ۋاقتىمۇ يوق شۇنىڭدەك بۇنداق بىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشقا پەقەتلا قىزىقمايتتى. 1931-يىلىنىڭ كىرىشىگىچە، ئېس-ئاچىلار يەنىلا تۈزۈك بىر يىتەكچىسى يوق ئەھۋالدا ئىدى. 4-يانۋار كۈنى، پارتىيە تەشكىلى كاپىتان رۆمنى ئېس-ئاچىلار قوشۇنىنىڭ قۇماندانلىقىغا تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ (رۆم، بولىۋىيىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ياردەملىشىپ پاراگۋاي بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولىۋىيىدىن پارتىيە تەشكىلى تېخى يېقىندىلا چاقىرتىپ كەلگەن ئىدى).249 ھىتلېر، رۆمنىڭ 60 مىڭ كىشىلىك ئېس-ئاچىلار تەشكىلاتى ئىچىدە خالىغانچە ھەرىكەت قىلالايدىغان ئەركىن ھوقۇق بېرىلگەندىن كېيىنلا گېرمانىيىگە قايتىشقا ماقۇل بولىدۇ. ھىتلېر ۋاقتىنچە SA چىلارنى ئىنتىزامغا بوي سۇنغان ئاساستا نامايىشلا قىلىش ۋەزىپىسى بولغان بىر قوشۇن ھالىغا كەلتۈرۈشكە ماقۇل كەلگەندىن كېيىن بۇ قابىلىيەتلىك تەشكىلاتچى، رەھبەر، ئۆز ئىختىيارى بويىچە SA چىلار قوشۇنىنى قايتا تەشكىللەشكە كىرىشىپ كېتىدۇ.
شۇنداقتىمۇ، ئىش ئۆنۈمىنىڭ ئارتتۇرۇلۇشىغا تايىنىپلا ئۇزۇندىن بېرى يىغىلىپ قالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بيېقىندىلا پايتەخىتتە يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر بىر توپلاڭ ھەققىدە تالاش-تارتىش كېتىۋاتقان ئىدى. ېرلىندىكى قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ئاساسى جەھەتتىن ئۆزپىتى قالغان ئىدى. تەشكىل ئىچىدىكى تەڭسىزلىككە ئوخشاش مەسىلىلەر ئۇلارنىڭ رەھبىرى بولغان ۋالتېر ستېننېسنى چىدىغۇچىلىقىنى قويمىغان ئىدى. ئۇ، تەشكىلنىڭ ”مەمورى مۇناسىۋەتلەر“ بويىچە ئەمەس بەلكى ”بىلىم“ ئاساسىدا تەشكىللىنىشىنى قايتا تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئاشكارە تۈردە ”ھىتلېر نەچچە ئايدا بىر قېتىم پىلانىنى ئۆزگەرتىپ يېڭى-يېڭى بويرۇقلارنى چىقىرىپ كەلمەكتە. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىمىز دىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتىمىز“ دەپ ئاچچىقلىنىدۇ. سىېننېسنىڭ قول ئاستىدىكىلەر بۇنداق ئۆزگىرىشلەردىن بىر نەرسە ئۇقالماي قايمۇقۇپ ئەنسىرىشىپلا يۈرىدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇلار رەھبىرىنىڭ دېگەنلىرىگە قوشۇلسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن قىلچە قارشىلىق كۆرسەتمەستىن فۈھرېرنىڭ تەرىپىنى ئېلىشاتتى.
1931-يىلى 20-فېۋرال كۈنى، ھىتلېر بويرۇق چۈشۈرۈپ، بۇندىن كېيىن ئېس-ئاچىلار بىلەن ئېس-ئېسچىلار كوچىلاردا قىزىللار بىلەن يەھۇدىيلارنى دۇمبالاش ھەرىكىتىنى توختۇتۇڭلار دېگىنىدىن كېيىن بۇ مەسىلە رەسمى ئاشكارە تىلغا ئېلىنىدىغان ھالغا كېلىدۇ. ”مەن سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى، ئاچچىقلانغانلىقىڭلارنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن. — دەيدۇ ھىتلېر قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەرگە، — شۇنىڭغا قارىماي سىلەر يەنىلا يېنىڭلارغا قۇرال ئېلىپ كوچىغا چىقماسلىقىڭلار كېرەك.“ جەڭچىلەر بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ ۋارقىرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ھىتلېرغا قارشى ھېچ قانداق بىر ھەرىكەتتە بولمايدۇ. تا كېيىنكى ئايدا ھىتلېر ۋېمار ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلىرىغا بوي سۇنىمىز، بۇندىن كېيىنكى مىتىنگ-نامايىشلارنىڭ ھەممىسى ساقچى ئىدارىسى تەستىقلىغىنىدىن كېيىنلا ئاندىن ئۆتكۈزۈلىدۇ … دېگەن قانۇنىغا ئەمەل قىلىمىز دەپ ئېلان قىلغىنىدا، ستېننېس ھۆكۈمەتكە تەسلىم بولغان بۇنداق ھەرىكەتكە قارشى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنىڭدەك 31-مارت يېرىم كېچىدە ئېس-ئاچىلار قوشۇنى رەھبەرلىرى مەخپى يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ”بۇ ئىشتا ھىتلېرغا قارشى تۇرۇپ، سىتېننېسنى قوللاش“ قا قارار قىلىدۇ.
ھىتلېر، قان تۆكۈلۈش ۋەقەلىرى يۈز بېرىش، ئىچكى قاتماللىق پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش ھەمدە مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلىش يولىنى كۆزلەپ ستېننېسنى ميۇنخېنغا كېلىپ ”قوڭۇر بىنا“ دا بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇش ئىشىنى تاپشۇرىۋېلىشىنى بۇيرۇق قىلىدۇ. ئەمما ئۇ ميۇنخېنغا بېرىشنى رەت قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ھىتلېر بۇ قوشۇنىنى توپىلاڭ چىقارغۇچىلار دەپ بېكىتىدۇ. ئارىدىن بىر سوتكا ۋاقىت ئۆتمەيلا، ئاشكارە تىركىشىش ھەرىكىتى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئىش بىر قېتىملىق زەئىپ توپىلاڭ شەكلىنى ئېلىش بىلەن تىنجىيدۇ. ئەسلىدە ستېننېسنىڭ تەلەپ قىلغىنى بۇلغانمىغان پاكىز مىللەتچى سوتسىيالىزم ھەرىكىتى ئۈچۈن، ئەنە شۇنداق بىر پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ قايسى بىر كىشى ئۈچۈن ئىشلەش ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىدى. ”كىمدە-كىم ماڭا ئەگەشمەكچى بولىدىكەن، ئىنتايىن مۇشەققەتلىك بىر يولغا كىرىپ قالغان بولىدۇ. — دەيدۇ ستېننېس قول ئاستىدىكىلەر بىلەن ۋىدالىشىش ۋاقتىدا، — شۇنىڭغا قارىماي، سىلەرنى مىللەتچى سوتسىيالىزم غايىسى ئۈچۈن ھىتلېرغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭلارنى تەكلىپ قىلىمەن. چۇنكى بىز مىللەتچى سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ توزۇپ كېتىشىنى ھەرگىز خالىمايمىز.“
4-ئاپرېل كۈنى، «ھۇجۇم» بىلەن «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ھىتلېرنىڭ ماقالىسى بېسىلىپ  ستېننېسنىڭ ”قوزغىلاڭ“ كۆتىرىشى قاتتىق تەنقىتلىنىدۇ. ئۇ ماقالىسىدا، سوتسىيالىزم ئەزەلدىن ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئاساسى غايىسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، پارتىيە ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان “سالون بولشېۋىكچىلىكى بىلەن سالون سوتسىيالىزمچى ئەبلەخلىرى“ نى تەنقىتلەيدۇ. ئۇ يەنە ستېننېس دەل شۇنداق ئەبلەخلەردىن بىرى، بۇ ئادەم پۈتۈن ئاماللار بىلەن ”كومپارتىيىگىلا خاس دەپ كېسىپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدىغان تىنماي كۈشكۈرتكۈچىلىك قىلىشلاردا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىر قاتار چۈشەنچىلەرنى SA تەشكىلاتىغا (بۇ يەرلەردە ئېنگلىزچىدىن تەرجىمىدە ’ئېس-ئا‘ بىلەن ’ئېس-ئېس‘  پەرقلەندۈرمەي بىراقلا ئېس-ئېس دەپ تەرجىمە قىلىنغان. — ئۇ. ت) سۆرەپ كىرىشكە ئۇرۇنماقتا“ دەپ كۆرسىتىدۇ.
بۇ ماقالىلار بېرلىندىكى پارتىيە ئەقىدىلىرىدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەرنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىۋېتىدۇ. ھىتلېر يەنە بىر قېتىم بېرلىنغا بېرىپ كېلىشتۈرگۈچى ۋە ئارىغا كىرگۈچى ئىنقىلابچىلىق رولىنى ئوينايدۇ. بۇ قېتىم، ئۇ خانفىستايىنگىلنىمۇ بىرگە ئېلىپ بارغان ئىدى. خانفىستايىنگىل بۇ ھەقتە خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ”ھىتلېر چارىسىزلىكتىن شەھەر ئەتراپىدا ئۇياق-بۇياققا چېپىپ كۆزىدىن ياش ئېقىتقىنىچە ئۇلارغا يالۋۇراتتى.250 ھىتلېر ئۇلارغا، سىلەر پەقەت ماڭا تايىنىش ئارقىلىقلا ھىمايىگە ئېرىشەلەيسىلەر“ دەپ يالۋۇرىدۇ. نۇرغۇن قېتىملىق كېلىشتۈرۈشلەر ئارقىلىق ئاخىرقى ھېساپتا ئۇ تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. ئەتىسى، ئۇ ستېننېس بىلەن بىرلىكتە بىر سودا ساراي — ساياھەتچىلار مېھمانخانىسىدا تاماق يەيدۇ. ستېننېسنىڭ خانفىستايىنگىلغا قالدۇرغان تەسىراتى، ئۇ توپىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى. ”مەن ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ توغرا نىيەتلىك بىرسى ئىكەن دەپ قارىدىم. ئۇ، كولوگندىكى كاردىنال شۇلتنىڭ جىيەنى ئىدى. ئۇ مېنى دېرىزە تۈۋىگە تارتىپ دەردىنى ئېيتتى. بىزنىڭ ئاۋازىمىز سىرتتىن كەلگەن قاتناش ئاۋازلىرى ئىچىدە يىراققا تۇيۇلمايتتى. ئۇ ماڭا: 'ھىتلېر بۇ قېتىمقى توپىلاڭغا كۈشكۈرتكۈچىلىك قىلغان كىشىنىڭ دەل ئۇنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋالغان كىشى ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى يوقمىدۇ؟' دەيدۇ. ئۇ، ھىتلېرنىڭ يېنىدىكى ئادەم دەپ گيوبېلىسنى دېمەكچى ئىدى. يەنى ھىتلېر ئۇرۇش-جىدەل قىلماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق قىلغان بولسىمۇ، گيوبېلىس ئىزچىل تۈردە ئۇنى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا ئۈندەپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۈگۈن پۈتۈن گۇنانى ئۈستۈمگە ئارتىپ قويغانلىقىنى ئېيتىدۇ.“
ھەر دائىمقىدەك، ھىتلېرنىڭ (SS نى ئۆزىگە ئارقا تىرەك قىلغان ھالدا) ئوتتۇرىغا چىقىشى قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەرنىڭ، يەنى SA  چىلارنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىدى. شۇنىڭدەك، بۇ تۈر ئىتتىپاقلىق ئاسانلىقچە يىمىرىلىدىغان بىر ئىتتىپاقلىقمۇ ئەمەس ئىدى. ستېننېس ۋە ئۇنىڭ بىر ئۇچۇم قوللىغۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھېچقانداق بىر داۋالغۇش پەيدا قىلالمايدۇ. گيوبېلىسمۇ ئۈستىگە سۇ يۇقتۇرماي ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋېرىدۇ. ئەمما ستېننېستىن باشقا نۇرغۇن كىشىلەر، بۇ قېتىمقى توپىلاڭدا گيوبېلىس سۈيىقەستچى رولىنى ئوينىدى دەپ قارىشىدۇ. ”مەسىلەن ئالايلى، ئەگەر ئانا بولغۇچى بىرسىنىڭ نۇرغۇن بالىسى بار دەيلى، ئۇ بالىلىرىدىن بىرسى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان بولسۇن، بۇ يەردە ئەگەر ئانا بولغۇچى ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلسا چوقۇم ئۇ بالىسىنى يېتەكلەپ يېنىدىن ئاجراتماي بىرلىكتە ئېلىپ يۈرەلىگەن بولاتتى.“
تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان بالىلارنى توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىشتە قۇراللىق كۈچتىن پايدىلانغانلىقىنى ھىتلېرنىڭ ئۆزىمۇ ياخشى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ، سىتېننېسنىڭ بېرلىندىكى ئېس-ئسچىلارغا مەسئۇل بولۇش ۋەزىپىسىنى ئېس-ئاچىلار ئادىمىدىن بىرسىگە ئېلىپ بېرىدۇ. فۈھرېر تۈزۈمى بويىچە قوغدىلىۋاتقانلارنىڭ ھوقۇقى يېتەرلىك دەرىجىدە كەڭ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىشتىن ئېس-ئاچىلار قاتتىق خوشال ئىدى. ”بىز ھېچكىمنى خوش قىلالماي زەربە يەپلا يۈرىدىغان كىشىلەرمىز. _ دەيدۇ ئېس-ئسچىلار كاتىۋىشى ھېنىرىك ھىملېر بىر قانچە ھەپتە كېيىن چاقىرىلغان بىر قېتىملىق ئېس-ئا رەھبەرلىرى يىغىنىدا، _ بىز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىر بۇلۇڭدا قېلىشىمىز مۇمكىن. يەنى بىز باشقىلارنىڭ رەخمەت ئېيتىپ ماختىشىنى ئۈمىت قىلماسلىقىمىز كېرەك. شۇنىڭغا قارىماي، بىزنىڭ فۈھرېرىمىز ئېس-ئانىڭ قىممىتىنى ياخشى بىلىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئەكە بالىلىرىمىز، بىز ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم تەشكىلات ھېسابلىنىمىز. چۇنكى بىز فۈھرېرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇپ باقمىدۇق.“
شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا، ئوتتۇرلۇقتا كېلىشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئوينىغان ھىتلېرمۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ياكى ئىككىلىنىپ يۈرگەن ئېس-ئاچىلارنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى قايتا ئۈستىگە ئېلىشىنى قارشى ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقتىمۇ بەكلا مۇستەقىل روھقا ئىگە بولغانلىرىنى بۇ قاتارغا كىرگۈزۈشنى خالىمايتتى. ھىتلېر ئۇنداقلارنى قەتئىي تازىلىۋېتىش كېرەك، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سادىق ئەگەشكۈچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك دەپ قارايتتى. ھىتلېرنىڭ بۇ تۈردىكى كەڭ قۇرساق مۇئامىلىسىنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەر دائىم ئۆزگەرمەيدۇ. گەرچە نۇرغۇنلىغان قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەر ھىتلېرغا، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قانۇنلۇق ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش دەيدىغان تەلىۋىدىن ئۈمىدسىزلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەيسالارچە باياناتى ئالدىدا، بۇ تۈردىكى قاراشلارمۇ توزۇپ يوقالغان ئىدى. ھىتلېر، ”مانا مەن بىر ئېس-ئا ئەتىرىتىمەن، مانا مەن بىر ئېس-ئېسمەن. سىلەر بولساڭلار ئەنە شۇ SS ۋە SA ئەزالىرىسىلەر. بۇ ئىككى قوشۇندا  مەن ئوتتۇرۇڭلاردا تۇرىمەن“ دەيدۇ.
ئېس-ئاچىلار ئەترىتىدە ئەندىلا تەرتىپ ئەسلىگە كېلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ رەھبىرى بولغان كاپىتان رۆم بەچچىۋازلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللىناۋاتىدۇ دېگەن سۆز-چۆچەكلەر سەۋەبىدىن قاتتىق زەربە يەيدۇ. بۇرۇنلاردا، ھىتلېر بۇنىڭغا ئوخشاش ئەرز-شىكايەتلەرنى بىراقلا رەت قىلاتتى. ”ھۇجۇمچىلار ئەترىتى، مەخسۇس بەلگىلەنگەن سىياسىي مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تەشكىل قىلىنغان بىر قوشۇن. بۇ قوشۇن ھەرگىزمۇ ساپ قىزلاردىن تەشكىل تاپقان ئەخلاقلىق بىر ئورگان ئەمەس، قاراملارچە ئۇرۇشىدىغان يىگىتلەردىن تەشكىل تاپقان بىرلەشكەن بىر گەۋدە“ دەيدۇ. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىپ، قايسى بىرىلىرىنىڭ شەخسى تۇرمۇشى ئۇنىڭ ئۆزىگە تەۋە شەخسى ئىشى؛ ئەگەر ئۇ كىشى مىللى سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ ۋەزىپىلىرىگە پۇتلىكاشاڭلىق قىلمايدىغانلا بولىدىكەن، ئۇنداق بىرسىنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا پەرۋايىمىز پەلەك دەيدۇ.
شۇنداقتىمۇ، بۇ سەتچىلىك خەۋەرلىرى پارتىيە ئىچىدە بىر ۋەقە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. كىشىلەر بۇ ئىش ھەققىدە ئۆزئارا پىچىرلىشىپ يۈرەتتى. ستېننېس قوزغىلىڭى ۋاقتىدا تازىلىۋېتىلگەن ئوفىتسېرلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ئومۇمى يۈزلۈك ھالدا رۆمنىڭ بەچچىۋاز ھەمرالىرىغا تاپشۇرۇلدى دەپ يۈرۈشەتتى. بۇ تۈردىكى ئەيىپلەشلەرگە قارىتا رۆم، خۇددى ئېس-ئاچىلار ئەترىتى زوراۋانلىق قىلىش خاتالىقى سادىر قىلغىنىدا ئەيىپلەنگەن ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش، پەرۋامۇ قىلماي يۈرىۋېرىدۇ. ”قەدىرلىك دېلمېر ئەپەندى، راس، مەن بۇرۇن ھۇجۇمچىلار ئەترىتىدىكىلەرگە ھەقىقەتەنمۇ قوپال مۇئامىلىدە بولۇپ كەلگەن ئىدىم، ئاسانلا خاپا بولۇپ كېتەتتىم. ئەمما بۇندىن كېيىن كۆرۈپ قالىسىز، مېنىڭ قول ئاستىمدىكىلەر بۇندىن كېيىن قائىدە-تۈزۈملەرگە، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، تەرتىپلىك بىر قوشۇنغا ئايلىنىدۇ! مېنىڭ ۋەزىپەم، كوممۇنىستلارنىڭ تەسىرىگە ئاسان يولۇقىدىغان مىليونلىغان ئىشسىز ئىشچىلارنى ئۇلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىشتىن ساقلاش، ئۇلارنى تەرتىپلىك پۇخرالاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق گېرمانىيىنى قوغداش، شۇ ئارقىلىق مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بولشېۋىك دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت.“ رۆم، بۇ گەپلەرنى ئاپرېل ئاخىرىدا لوندوندا چىقىدىغان «تېز خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ مۇخپىرى دېلمېرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان. بۇ مۇخپىر ئۇنى ئەسكەرتىپ، ”ئويغۇنۇڭلار نېمىسلار!“، ”يوقالسۇن يەھۇدىيلار!“ دېگەندەك ۋارقىراپ چالۋاقىشىنى تەرتىپ ئىنتىزامغا بويسۇنغانلىق ئىپادىسى دەپ قارىمايمەن دەيدۇ.
”ھە، ئۇ شۇئارلار، سىز بۇ شۇئارلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشكە قاراپلا چۈشەنسىڭىز، مەنىسىنىڭ يېرىمىنىلا چۈشىنەلىگەن بولىسىز. _ دەيدۇ رۆم. ئاندىن ئۇ مۇخپىرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان باشقا گەپلەرنىمۇ قىلىدۇ، _ مەن ھازىر ئۇنداق داۋراڭ قىلىپ غەلۋە تېرىيدىغان، تەرتىپ ئىنتىزامغا بوي سۇنمايدىغان كىشىلەرنى ھۇجۇمچىلار ئەترىتىدىن تازىلاش ئىشىنى باشلىدىم. بۇنداق بىر قوشۇن ئۈچۈن بۇ تۈردىكى تازىلاشنىڭ چوقۇم پايدىسى بولىدۇ دەپ قارايمەن.“ ئۇ ئۆزىنىڭ بېرلىنغا كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. رۆم چۈشەندۈرۈپ كېلىپ، پايىتەختتە بۇرۇن بىر توپىلاڭ يۈز بەرگەن، بۇ توپىلاڭغا كاپىتان ستېننېس يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى. بۇ ئادەم رەسمى بىر ساراڭ، ئۇ ئۆزىنى چاغلىماي ھىتلېرنىڭ سالاھىتىگە قارشى چىقماقچى بولدى دەيدۇ. رۆممۇ دېلمېرغا ۋەدە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: توپىلاڭچىلار بېسىقتۇرۇلدى. ھازىر ھەممە ئىش ئۆز جايىدا.
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ، رۆم، دېلمېرنى ”قوڭۇر بىنا“ غا بېرىپ فۈھرېرنى بىر زىيارەت قىلىڭ دەپ تەكلىپ قىلىدۇ. دېلمېر بېرىپ ھىتلېرنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا، ھىتلېر ئۇنىڭغا: ئۆزىنىڭ ئىككى تۈرلۈك تەلىۋىنىڭ بارلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ: بۇ تەلەپلەردىن بىرسى گېرمانىيىدىن ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلەشنى بىكار قىلدۇرغۇزۇش، يەنە بىر تەلىۋى بولسا ”شەرقتە ئەركىن پائالىيەت قىلالايدىغان بولۇش.“ ئۇ گېرمانىيىنىڭ بۇرۇنقى چېگراسىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى قولدىن چىقىپ كەتكەن مۇستەملىكىلىرىنى گېرمانىيىگە قايتۇرۇپ كېلىشكە بەك قىزىقمايدىغانلىقىنى، ئۇ پەقەت نەچچە مىليون  گېرمانىيەنىڭ ئارتۇق نوپوسىنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تەۋەسىگىچە تارقىلىپ يەرلەشتۈرۈشنىلا ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. دېلمېر ھىتلېردىن، سىز قانداقلارچە پولشا تۇپرىقىغا تاجاۋۇز قىلماي تۇرۇپ سوۋېت تۇپراقلىرىغا كىرەلەيسىز؟ دەپ سورايدۇ. ھىتلېر بۇ سۇئالغا : ”بۇنىڭمۇ بىر ئامالى تېپىلىپ قالار“ دەپ قىسقىچىلا جاۋاب بېرىدۇ.
دەل شۇ پەيتتە، پادىشا ئوۋگۇست ۋىلھېلم كىرىپ كېلىدۇ. ئۇ ھاياجان ئىچىدە، 1931-يىلىنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا 2400 نەپەر قوڭۇر كۆڭلەكلىك جەڭچىمىز ماركسىزمچىلار بىلەن ئۇرۇشىشتا يارىلانغان ياكى قۇربان بولغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ”فۈھرېرىم، — دەيدۇ خانزادە، — بۇ بىر ئىچكى ئۇرۇش!“ ”توغرا دەيسىز، — دەيدۇ ھىتلېر دەرھال جاۋابەن، — بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر ئىچكى ئۇرۇش.“ مۇخپىر دېلمېر، ھىتلېرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇچىغا چىققان بىر زوراۋان ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىپ، دەرھال قولىغا قەلەم ئېلىپ سوھبەت ھەققىدە ماقالە يېزىشقا كىرىشىدۇ. بۇ ماقالىسى 3-ماي كۈنى گېزىتتا بېسىلىدۇ. ئۇ ماقالىسىدا، ”گېرمانىيە ياۋروپا فاشىزم لاگىرىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن جىددى تەييارلىق قىلماقتا“ دېگەن پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

6
1931-يىلى ياز ئايلىرىدا، ھىتلېر پارتىيىنىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇش بىلەن بىرگە، كۈرەشنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى ستېننېس توپىلىڭىدا ئاشكارىلىنىپ چىققان ئاجىز نوقتىلار ئاساسىدا  ئېس-ئانى قايتىدىن رەتلەپ چىقىشقا قارىتىدۇ. بۇ كۈنلەردە يەنە، بىر شەخسى ئىشىمۇ ئۇنى قاتتىق غەمدە قويغان ئىدى.252 ھىتلېر، شوپۇرى ھەمدە سەپدىشى بولغان ماۋرىسنىڭ ئۇنىڭ جىيەنى گېلى بىلەن يوشۇرۇنچە توي قىلىشقا كىلىشىپ قويغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. بۇ قىز ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭ پرىنزرېگېنتېنپلاتز مەيدانىدىكى ئۆيىدە تۇرىۋاتقان بولۇپ، قىزنىڭ بارلىق ھەرىكىتى ئۇنىڭ كۈزىتىشى ئاستىدا ۋە ھەرىكەتلىرىمۇ چەكلەنگەن ھالدا ئىدى. قىزىق يېرى، ئەسلىدە بۇ ئىشىنى فۈھرېرنىڭ ئۆزى ماۋرىسقا مەسلىھەت قىلغان ئىدى. ”سىلەر توي قىلغاندىن كېيىن مەن ھەر كۈنى ئاخشىمى كېلىپ ئۆيۈڭلاردا بىرگە ئولتۇرۇپ كەچلىك تاماق يەيمەن“ دەپ بۇ يىگىتنى رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى. ”مەن ئۇنىڭ بۇ دېگىنىنى ئاڭلاپ گېلى بىلەن توي قىلىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم. — دەيدۇ ماۋرىس بىرسىگە، — مەن بۇ قىزنى باشقىلارغا ئوخشاشلا ياخشى كۆرىمەن. گېلىمۇ توي قىلىش تەلىۋىمنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.“ يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بويان بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقانلار ئۇ ئىككىسى راستىنلا بىر-بىرسىنى ياخشى كۆرىدۇ دېيىشىدۇ. ماۋرىس بىر كۈنى گيوبېلىسقا بۇ قاملاشمىغان مۇھەببەتلىشىش ئىشىدىن پۇشمان قىلغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتىدۇ. ئاخىرى ماۋرىس غەيرەتكە كېلىپ بۇ ئىشنى ھىتلېرغا ئۇقتۇرىدۇ. ھىتلېر بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالدا  ماۋرىسنى ماڭا ساداقىتىڭ يوق ئىكەن دەپ ئەيىپلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ شوپۇرلۇق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.
فۈھرېرغا يېقىنلىشالايدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ھىتلېر قىزنىڭ غېمىنى قىلىدىغان تاغىلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقان بىرسىلا ئىدى. ”ئۇنىڭ بۇ قىزنى ياخشى كۆرۈشى ئاتىلىق مىھرىنى بېرىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. — دەيدۇ ئۆي باشقۇرغۇچىسى ئاننى ۋىنتېر خانىم ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن گىپىدە چىڭ تۇرۇپ. — ھىتلېر بۇ قىزنىڭ بەخىتلىك بولىشىنىلا ئويلايتتى. گېلى دېگەن بۇ قىز ھەر تەرەپكە كۆز تاشلاپلا يۈرىدىغان بىر قىز. ھەممە كىشىنى قولغا چۈشەرسەم دەپلا يۈرەتتى. ھەتتا ھىتلېرنىمۇ قىزىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ يۈردى. شۇنداقتىمۇ ھىتلېر ئۇنى ئاسىراشتىن نېرى ئۆتكەن ئەمەس.“ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، گېلىنى ھىتلېرنىڭ قولىدىكى بىر ئەسىر دېيىش مۇمكىن ئىدى. ھىتلېر بۇ قىزغا ئەركىنلىكتىن باشقا نېمىنىلا تەلەپ قىلسا بېرەتتى. ھەتتا مۇزىكا دەرسى ئاڭلاشقا ماڭغىنىدىمۇ چوقۇم ئىشەنچىلىك بىرسى ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ بىرگە بېرىشى شەرت ئىدى. گېلى بىر قېتىم قايسى بىر تۇققىنىغا دەرد تۆكۈپ: ”كۈنلىرىم ھەقىقەتەنمۇ بەك قىسىنچىلىق ئىچىدە قالدى. ھىتلېر نەگىلا بارسا مېنى بىللە ھەمرا بولۇپ بەر دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن بەكلا ئىچىم سىقىلىپ كەتتى. بولۇپمۇ گرېگور بىلەن ستراسسېر ئىككىسى مېنىڭ ھىتلېر بىلەن ئاشكارە ھەمرا بولۇپ بىرگە يۈرۈشۈمنى پەقەتلا توغرى تاپمىدى. شۇنىڭدەك يەنە، بۇ ئىشلار مېنىڭ باشقا يىگىتلەر بىلەن يېقىنلىشىشىمنىمۇ چەكلىمەكتە.“
بىر كۈنى ئاخشىمى، خانفىستايىنگىل ئەر-خوتۇن رېسىدېنز تىياتىرخانىسىدا ھىتلېر بىلەن گېلى ئىككىسگە ئۇچرىشىپ قېلىپ تۆتەيلەن بىرلىكتە شىۋارزۋالدېر قەھۋىخانىسىدا كېچىلىك تاماق يەيدۇ. خانفىستايىنگىل، گېلىنىڭ ”بۇ بىرلىكتە يۈرۈشتىن بەكلا زىرىككەنلىكىنى، ئۈستەللەرددە ئولتۇرغان كىشىلەرنى تىنماي كۈزىتىپ ئولتۇرغانلىقى“ غا دىققەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ، بۇ قىز ھىتلېر بىلەن مەجبورىيەت ئاساسىدىلا بىرگە ھەمرا بولۇپ يۈرگەنلىكىنى سېزىدۇ.
خانفىستايىنگىل خانىممۇ، گېلى دېگەن بۇ قىزنىڭ بەكلا ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلغان. ”بۇ قىز تۇرمۇشىدا ئۆزى خالىغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمەي يۈرگەندەك قىلىدۇ“ دېگەن تۇيغۇغا كەلگەن. ئەمما ۋىنتېر خانىم بولسا، گېلى ھىتلېرنىڭ كەينىگە كىرىۋالدى دەپ ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرىدۇ. ”بۇ قىز تەبىئىكى ھىتلېر خانىمى بولۇش خىيالىدىلا ئىدى. ھىتلېر بۇنىڭغا ئەلىۋەتتە لايىق كېلەتتى. … شۇغىنىسى بۇ قىز ھەممىلا كىشىگە بەكلا يەڭگىلتەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بىر قىز بولۇپ، ئۇنىڭدا قىزلارغا خاس سۈپەت يوق.“
شۇنىسى ئېنىقكى، گېلى ھەقىقەتەنمۇ تاغىسىنىڭ ئابرويىدىن نەپ ئېلىپ يۈرگەنلا بىر قىز ئىدى. ھەر قېتىم ھېك قەھۋىخانىسىدا چاي ئىچىپ ئولتۇرغىنىدا ئۇلارنىڭ ئۈستىلى ھەۋەسكارلار تەرىپىدىن ئورىۋېلىناتتى. بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئاياللار ئىدى. بۇ ئاياللار كېلىپ ھىتلېرنىڭ قولىنى سۆيۈشۈپ ئۇنىڭدىن خاتىرە قالدۇرغىدەك بىرەر نەرسە ئۈندۈرىۋېلىشقا تىرىشاتتى. يەنە شۇمۇ ئېنىقكى، فۈھرېرنىڭ ئۆزىمۇ گېلىنى ياخشى كۆرۈشى، بىر تاغىنىڭ جىيەنىنى ياخشى كۆرۈش دەرىجىسىدىن بەكلا كۆپ ھالقىپ كېتىشىدىنمۇ بەك ئەنسىرەپ كەتمەيدىغاندەك كۆرۈنەتتى. ”ھىتلېر ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. — دەپ كېسىپ ئېيتىدۇ ماۋرىس، — ئەمما بۇ سۆيگۈ بەكلا غەلىتە بىر ياخشى كۆرۈش، ئاشكارە ئىپادىلەشتىن قورقىدىغان بىر تۈرلۈك سۆيگۈ ئىدى. چۇنكى ئۇ غۇرۇرى بەكلا كۈچلۈك بىرسى بولغاچقا ئاياللارغا ھەۋەس قىلىشتەك ئاجىزلىقىنى ئېتراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.“
يەنە بەزىلەر، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ئىشقىي مۇناسىۋەتلەر بار دەپ قارىشاتتى. ئوتتو ستراسسېر يەنە كوچىدا ئېقىپ يۈرگەن سۆز-چۆچەكلەر ئاساسىدا بىر پارچە ماقالىمۇ يېزىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا چەكتىن ئېشىپ كەتكەن جىنىسى مۇناسىۋەت بارلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.253 ئەمما بۇنداق گەپلەرگە ھىتلېرنىڭ يامان گېپىنى ئاڭلاشقا ئامىراق كىشىلەرلا ئىشىنىشى مۇمكىن ئىدى. راست دېگەندەك، ھىتلېر بۇ جىيەن قىزىنى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى كۆرەتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئوتتۇرىسىدا جىنىسى مۇناسىۋەت بولۇش ئېھتىمالىنى يوق دېيىش مۇمكىن. ھىتلېر دېگەن بۇ ئادەم بەكلا كونسىرىۋاتىپ بىرسى بولۇپ، ھەر قانداق بىر ئايالنىڭ كەينىدىن ئاشكارە قوغلىشىپ يۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. ئۇمۇ بۇ جەھەتتە ھەر دائىم ئېھتىيات قىلىپ يۈرەتتى، يەنى ئۇ ھەرگىزمۇ ئالتۇن ساندۇقتا ئوينىشىنى ساقلايدىغان بىرسى ئەمەس. ھىتلېر ئاشنىسىنى ئۆيىدە ساقلاپ، بولۇپمۇ ئۈگەي ھەدىسىنىڭ قىزىنى ئاشنا تۇتۇپ ئۆيىدە ساقلاپ سىياسىي ھاياتىنى ۋەيران قىلىۋېتىشنى ھەرگىز خالىمايتتى.
سىنتەبىر ئېيى كىرىشى بىلەن، گېلى يەنە بىر يىگىت بىلەن ئىشپەش تارتىشىپ قالىدۇ. بۇ يىگىت، ئاۋسترىيىلىك بىر رەسسام ئىدى. ئۇ ئىككىسى بىر كۆرۈشتىلا بىر-بىرىگە ئاشق بولۇپ قالىدۇ. كرىستا شرۆدېر (ھىتلېرنىڭ كاتىپى) نىڭ دېيىشىچە، ئۇ يىگىت شۇ ھامان قىزغا توي قىلىش تەكلىبى قىلغان. بىر قېتىمدا گېلى، بىر ئاۋسترىيىلىك رەسسام بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلىكىنى، بۇ ئىشتىن بەكلا سىقىلىپ بەختسىز رومانتىك مۇھىت ئىچىگە پېتىپ قالغانلىقى ھەققىدە خوفمان خانىمىغا سۆز ئېچىپ بولۇپ، كەينىدىنلا دەرھال گېپىنى ئۆزگەرتىپ: ”شۇنداق، بۇ شۇنچىلىكلا بىر ئىش ئىدى! بىز ئايال خەق بۇنداق ئىشلاردا ھەقىقەتەنمۇ چارىسىز ئىكەنمىز. قويۇڭ بۇ گەپلەرنى، باشقا گەپلەرنى قىلىشايلى!“ دەپ گېپىنى ئۈزىۋەتكەن. ئەمما بۇ ئىشتىن ھىتلېر خەۋەر تاپار-تاپمايلا دەرھال ئۇنى مەجبورلاپ، ئۇ رەسسام بىلەن بولغان بارلىق بېرىش-كىلىشىڭنى دەرھال توختات دەپ زورلايدۇ. روشەنكى، ئۇنىڭ بۇنداق قاتتىق گەپ قىلالىشىدا چوقۇم ھەدىسى ئانگېلانىڭ ماقۇللىغىنى ئالغان بولىشى كېرەك.
سىنتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، گېلى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىغا تېلېفون قىلىپ بۇندىن كېيىن دەرسكە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى، ۋيېنناغا مېڭىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇختۇرىدۇ. ئاندىن دەرھال بېرچتېسگادېنغا ئاپىسىنى كۆرگىلى بارىدۇ. ئۇ ئەندىلا كېلىپ تۇرۇشىغا تاغىسى ”ئالف“ تىن تېلېفون كېلىپ ئۇنى دەرھال ميۇنخېنغا قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. گېلى دەرھال قايتىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمما ئۇ ميۇنخېنغا يېتىپ كەلگىنىدە ھىتلېرنىڭ ميۇنخېندىن ئايرىلىپ يەرلىك مەسئۇل كادىرلار، ھەمدە ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقماقچى بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ”مېنى بىكاردىن-بىكارغا قۇرۇق يول ماڭغۇزدۇڭ“ دەپ قاتتىق رەنجىيدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭغا، مەن بولماي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ ۋيېنناغا بارالمايسەن دەپ دوق قىلىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ، گېلىنىڭ تاغىسىغا بولغان رەنجىشى دەرھال قاتتىق ئۆچمەنلىككە ئايلىنىدۇ. 17-سىنتەبىر كۈنى، ئىككىسى بىرگە ئولتۇرۇپ چۈشلۈك تاماق يەپ (ئىتالىيە لەغمىنى) ئولتۇرۇپمۇ تالاش-تارتىشى بېسىقمايدۇ. ئاشخانا ئۆيدە تۇرغان ۋىنتېر خانىم ئۇلار ئىككىسىنىڭ بارغانسىرى قاتتىق ۋارقىرىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇ قىز تامىقىنى تاشلاپ تاماق يىيىش ئۆيىدىن ئېتىلىپ چىققىنىدا چىرايىنىڭ غەزەپتىن قېپ-قىزىل بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن.
گېلى ياتىغىدىن چىقماي يېتىۋالىدۇ. كېيىن، تاغىسىنىڭ پەلەمپەيدىن چۈشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ دەرھال ئۆيدىن چىقىپ ئۇنىڭ كەينىدىن زالغا چىقىدۇ. تۆۋەندە ھىتلېر بىلەن بىرگە يولغا چىقماقچى بولۇپ خوفمان كۈتۈپ تۇراتتى. گېلى سول قولىغا بىر نېمە ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدا نېمە بارلىقىنى رېيچېت خانىم ئېنىق پەرق قىلالمايدۇ. ”خەيرى-خوش ئالف تاغا! — دەيدۇ گېلى ۋارقىرىغىنىچە، — خەير-خوش خوفمان ئەپەندىم.!“
ھىتلېر دەرۋازا تۈۋىدە توختاپ ئارقىغا قاراپ بىر دەم تۇرۇپ قالىدۇ. ئاندىن قايتىپ بىناغا كىرىپ پەلەمپەيدىن ئۈستىگە چىقىدۇ. ئۇ گېلىنىڭ يۈزىنى سىلاپ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى دەپ پىچىرلايدۇ. ئەمما گېلى قىمىرمۇ قىلماي غەزەپتىن بۇتتەك قېتىپلا قالغان ئىدى. كېيىن گېلى ئۆي خىزمەتچىسىگە: ”راستىنى دېسەم، بۇ تاغام بىلەن قىلچىمۇ ئورتاق نوقتىمىز يوق“ دەيدۇ. ھىتلېرنىڭ شوپۇرى جۇلىئوس شرېك مەرسەدېسنى ھەيدىگىنىچە پرىنزرېگېنتېنستراس كوچىسىدا كىتىۋاتقىنىدا ماشىنىدا ئولتۇرغان ھىتلېر بېشىنى چۆكۈرۈپ گەپمۇ قىلماي جىم ئولتۇراتتى.  ئۇ تۇيۇقسىز بۇرۇلۇپ خوفمانغا: ”نېمە ئۈچۈندۇ، بەكلا بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتىمەن“ دەيدۇ. خوفمانمۇ فۈھرېرىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ، بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم ئالپس شامىلىدىن بولسا كېرەك، دەيدۇ. ھىتلېر ئۈن چىقارمايدۇ. مەرسەدېس نيۇرېمبېرگكە قاراپ يولىنى داۋام قىلىدۇ.
ھىتلېرنىڭ ئۆيىدە رېيچېرت خانىم ئاشخانا ئۆيدە تۇرۇپ بىر نەرسىنىڭ چېقىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك قىلىدۇ:، ”بەلكىم گېلى گىرىم ئۈستىلىدىن ئەتىر قۇتىسىنى يەرگە چۈشۈرىۋەتتى ھەقىچان، شۇنىڭ چېقىلغان ئاۋازى بۇ“ دەيدۇ ئاپىسىغا. بىر ئېھتىمالدا گېلى ھىتلېرنىڭ پەلتو يانچۇقىنى ئاختۇرىۋاتقىنىدا بىر نېمىگە تېگىپ كەتكەن بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.254 ئۇ تاغىسىنىڭ يانچۇقىدىن بىر پارچە خەت تېپىۋالىدۇ. خەت زەڭگەر قەغەزگە يېزىلغان بىر خەت ئىدى. بۇ ئەسلىدە ئېۋا براۋننىڭ ھىتلېرغا يازغان خېتى ئىدى. بىر قانچە ئاي ئىلگىرى، ھىتلېر ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بەكلا يوشۇرۇن بولغاچقا بۇ ئىشتىن گېلى پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى، ئاننى ۋىنتېر خانىم گېلىنىڭ ئۇ خەتنى يىرتىپ تۆت پارچە قىلىپ تاشلىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالغان.
ھەممە ئىشقا چېپىلىپ سوراپ تۇرىۋالىدىغان ۋىنتېر خانىم ئۇ خەت پارچىلىرىنى تېپىپ چاپلاپ قايتا بىرلەشتۈرىدۇ. خەت تەخمىنەن مۇنداق يېزىلغان ئىدى:
سۈيۈملۈك ھىتلېر ئەپەندىم، مېنى تىياتىر كۆرۈشكە ئاپارغىنىڭىز ئۈچۈن قايتا رەخمەت ئېيتىمەن. ئۇ ئاخشىمى ھەقىقەتەنمۇ ئېسىمدىن چىقمايدىغان بىر ئاخشام بولغانىدى. سىزگە بولغان ھېسسىياتىم سەۋەبىدىن ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق ھاياجان ئىچىدىمەن. شۇڭا سىزنى قايتا كۆرۈشكە تەقەززارمەن.     
                                       — سىزنىڭ ئېۋايىڭىز
گېلى ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېلىپ مېنى ھېچ كىم ئاۋارە قىلمىسۇن دەيدۇ. گەرچە ئۇ قاتتىق رەنجىگەندەك قىلسىمۇ، ۋىنتېر خانىم ئۇنىڭدىن پەقەتلا ئەنسىرىمەيدۇ. شۇ كۈنى ئاخشىمى، ۋىنتېر خانىم بۇرۇنقى كۈنلەردىكىدەك ئىشىنى تۈگىتىپ ئۆيىگە قايتىدۇ. رېيچېرت خانىم بولسا قىزى بىلەن ئوپچە ياتاقتا ئۇخلاپ قالىدۇ. خېلى كەچ بىر ۋاقىتلاردا، بۇغۇق بىر ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك قىلغان بولسىمۇ بەك دىققەت قىلىپ كەتمەي يېتىۋېرىدۇ. چۇنكى ئۇلار بۇ ”ئەكە“ قىزنىڭ مىجەزىگە كۆنۈپ قالغان ئىدى.
ئەمما ئەتىسى ئەتىگەندە رېيچېرت خانىم گېلىنىڭ ئىشىكى يەنىلا ئىچىدىن تاقاقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇ دەرھال ماكس ئامان بىلەن فرانز شۋارزغا تېلېفون قىلىدۇ. ئۇلار ئىككىسى بىر قۇلۇپچىنى تېپىپ ئىشىكنى ئاچتۇرىدۇ. گېلى يەردە، سافانىڭ يېنىدا ياتقان بولۇپ، ياندا 6.34 مىللىمېترلىق بىر تاپانچا تۇراتتى. ئۇق دەل ئۇنىڭ يۈرىكىنى تېشىپ ئۆتكەن ئىكەن.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نيۇرېمبېرگتا ھىتلېر بىلەن خوفمان يېڭىلا دوتچې خوف، يەنى گېرمان مېھمانسارىيىدىن چىقىپ ھامبۇرگقا قاراپ يولغا چىققان ئىدى. مەرسەدېس ئەندىلا شەھەردىن چىققىنىدا ھىتلېر كەينىدىن بىر كىچىك ماشىنا ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ، بىرەر ھۇجۇمغا ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن شوپۇرى شرېكقا سۈرئەتنى ئاشۇر دەىپ بۇيرۇق قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ كەينىدىكى پىكاپنىڭ بىر تاكسى ئىكەنلىكىنى، شوپۇر يېنىدا ئولتۇرغان كىشىنىڭ گېرمان مېھمانخانىسىنىڭ بىر كۈتكۈچىسى ئىكەنلىكىنى پەرق قىلىدۇ. ئۇ كۈتكۈچى ھېلىغىچىلا قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ ماشىنىنى توختۇتۇڭلار دېگەن بەلگە بېرىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئۇلار ماشىنىنى توختاتقىنىدا، كۈتكۈچى كېلىپ ھىتلېرغا ھېس ئەپەندى ميۇنخېندىن تېلېفون قىلىپ سىزنى ئىستەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، بىزمۇ تېلېفوننى قويىۋەتمەي سىزنى چاقىرغىلى كەلدۇق دەيدۇ. ھىتلېر دەرھال مېھمانخانىغا قايتىدۇ. قالپىقى بىلەن قامچىسىنى بىر ئورۇندۇق ئۈستىگە چۆرۈپ تاشلىغىنىچە بېرىپ تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئالىدۇ. تېلېفون بوتكىسىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق قالغانلىقى ئۈچۈن، ھىتلېرنىڭ دېگەن گەپلىرىنى خوفماننمۇ ئاڭلاپ تۇرىدۇ: ”ھە، مەن ھىتلېر، نېمە بولدى؟ — دەيدۇ. سەل تۇرىۋېلىپ، — ئاھ، تەڭرىم! نېمە دېگەن قورقۇنۇشلۇق گەپ بۇ! — دەپ قاتتىق ۋارقىرىۋېتىدۇ، — ھېس، دېگىنە، دېگەنلىرىڭ راس گەپمۇ ياكى … ئۇ ھازىر تىرىكمۇ؟“ دەپ سورايدۇ. ئەمما يا تېلېفون يولىدا بىرەر كاشىلا كۆرۈلدى ياكى بولمىسا ھېس تروپكىنى قويىۋەتكەنمۇ قانداق، ئاۋاز ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.
”ھىتلېرنىڭ قاتتىق پاراكەندە بولىشى باشقىلارغىمۇ تەسىر قىلىدۇ. — دەيدۇ خوفمان ئەسلىمىسىدە، — شوپۇرىمىز ماي پېدالىنى بولىشىغا بېسىپ كىچىك ماشىنىنى ميۇنخېنغا قاراپ ئۇچقاندەك غۇيۇلداپ ھەيدەيدۇ. كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ھىتلېرنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتىم. ئۇ لېۋىنى چىڭ چىشلەپ ئالدىغا تىكىلگىنىچە ئولتۇراتتى. ئەمما ئۇنىڭ كۆزىگە ھېچ نېمە كۆرۈنمەيدىغانلىقى ئېنىق.“ ئۇلار ھىتلېرنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگىنىدە گېلىنىڭ جەسىدى ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى. شەنبە كۈنى بولغاچقا، بۇ ۋەقەنى ھېچ قانداق بىر گېزىتتا ئېلان قىلمايدۇ. بۇ ئىش دۈشەنبە كۈنىگە كەلگەندىلا ئاندىن گېزىتلاردا خەۋەر بولۇپ بېسىلىدۇ. بەزىلەر دارىتمىلاپ كېلىپ، ھىتلېر بۇ جىيەن قىزىنى تاشلىۋەتكەن بولغاچقا قىز چىدىماي ئۆلىۋالغان دېيىشىدۇ. يەنە بەزىلەر، ئەدىلىيە مىنىستىرى پاكىتلارنى يوقۇتىۋەتكەن دەپ يېزىشىدۇ.255 سوتسىيالىزمچىلار گېزىتى بولغان «ميۇنخېن پوچتىسى» گېزىتى ئۇزۇن بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، گېلى بىلەن ھىتلېر ئىككىسىنى ھەر دائىم ئۇرۇشۇپ تۇراتتى دەپ تەپسىلى توختىلىدۇ. ئۇلار يەنە، ھىتلېر بىر قېتىم بۇ قىزنىڭ بۇرنىنى ئۇرۇپ سۇندۇرىۋەتكەنىكەن، قىزنىڭ بەدىنىدە ھىتلېرنىڭ خورلىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان يارا ئىزلىرىمۇ بار ئىكەن دەپ يېزىشىدۇ (گېلىنى ھىتلېر ئۆلتەرگەن بولىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۇنكى گېلى ئۆلگەن ۋاقىتلاردا ھىتلېر نيۇرېمبېرگدا ئىدى؛ شۇنىڭدەك ئۇنى سەتچىلىكنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەمرالىرىغا بۇيرۇق قىلىپ ئۆلتۈرگۈزگەن بولىشىنىمۇ قىياس قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۇنكى شۇنداق بولغان دەپ پەرەز قىلىنغىنىدىمۇ ئۇنى فۈھرېر ئۆز ئۆيىدە ئەمەس سىرتتا بىر يەرلەردە ئۇجۇقتۇرغۇزۇشى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىدى. ھىتلېرنىڭ بەزى ئەگەشكۈچىلىرى، گېلىنىڭ ئۆلۈمى پۈتۈنلەي پەۋقۇلئاددە بىر ۋەقە بولىشى كېرەك، يەنى قانداقتۇ بىرەر ئاۋازدىن ئۈركۈپ كېتىپ، قورققىنىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان بولىشى مۇمكىن دېيىشەتتى. يەنە بىر قاراشتا، بۇ قىز تاپانچىنى ئويناپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز ئوق چىقىپ كېتىشىدىن ئۆلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، ئوتتۇردىكى دەلىللەردىن قارىغاندا، ئەڭ مەنتىقىلىق خۇلاسە — بۇ قىز ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان دېيىشكىلا بولاتتى. ئۆلىۋېلىشنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك، بىر تۈرلۈك ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە پېتىپ قېلىپ ياكى كۈندەشلىك قىلىپ، ۋەياكى باشقا نامەلۇم بىرەر سەۋەپ بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان بولىشى كېرەك دېيىشكىلا بولاتتى. ۋىللىيام پاترىك ھىتلېرنىڭ ئاپىسى خانفىستايىنگىلغا، ”ئائىلە جەمەتىمىزدىكىلەرگە بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبى بەش قولدەك ئايان: لىنزدىكى بىر يەھۇدىي، يەنى بىر رەسىم ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى ھامىلدار قىلىپ قويغاچقا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان“ دەپ ئېيتقان. 1971-يىلقى بىر قېتىملىق كۆرۈشۈشتە فۈھرېرنىڭ يەنە بىر نەۋرە ئىنىسى بولغان خانس ھىتلېر بۇ گەپلەرنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. — ئا. ھ. ئى).
ھىتلېر قاتتىق ئۈمىتسىزلىك ۋە ئېغىر سەتچىلىك ئىچىدە قالىدۇ. ئۇ فرانكقا ”بۇ قېتىمقى تۆھمەت چاپلاش ھەرىكىتىگە زادىلا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇندىن كېيىن قەتئىي گېزىت كۆرمەيدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن سىياسىي پائالىيەتلەردىن قەتئىي تۈردە قول ئۈزۈپ جامائەت ئارىسىغا پەقەتلا چىقماسلىق ئۈچۈن سىياسىي سەپتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىشنىمۇ ئويلىغانلىقىنى“ ئېيتقانمىش. بۇنچە ئېغىر ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالغان ھىتلېر، خوفمان بىلەن بىرلىكتە سەھرالارغا قېچىپ كەتكەن. يەنى ئۆزىنىڭ نەشرىياتچىسى بولغان ئادولف مۈللېرنىڭ تېگېرنسېيدىكى داچىسىغا بېرىۋالغان. داچىغا يېتىپ بارغاندا ئۇنىڭ شوپۇرى خوفماننىڭ قۇلىقىغا، ”ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالمىسۇن دەپ ئۇنىڭ ناگىنىنى تىقىپ قويدۇم“ دەپ پىچىرلايدۇ. ئۇ داچىغا كىرەر كىرمەي قولىنى ئارقىغا قىلغىنىچە ئۆي ئىچىدە توختىماي ئالدى-كەينىگە مېڭىپ كېتىدۇ. خوفمان نېمە يىگىسى بارلىقىنى سورىغىنىدا ھىتلېر ھېچ نېمە يىگىم يوق دەپ بېشىنى چايقايدۇ. ئۇ سائەتلەپ شۇنداق ئالدى-كەينىگە مېڭىپ تا يېرىم كېچىگىچە توختىمايدۇ. تاڭ يۇرۇشقا ئاز قالغان بىر ۋاقىتتا خوفمان كېلىپ ئۇ تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ ئىشىكىنى سىلىق چېكىدۇ. ئىچىدىن بىرەر تىۋىش كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ ئىشىكنى ئۆزى ئېچىپلا ئىچىگە كىرىدۇ. قارىسا ھىتلېر ھېلىغىچە قولىنى كەينىگە قىلىپ دېرىزىدىن يىراقلارغا تىكىلگىنىچە مېڭىشتىن توختىمىغانلىقىنى كۆرىدۇ.
خوفمان ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ ئىتالىيانچە لەغمەننى قانداق ئېتىش كېرەكلىكىنى سورايدۇ. ھىتلېر بۇنداق لەغمەننى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. ئەمما ھىتلېر يەنىلا تاماق يىيىشكە ئۇنىمايدۇ. ئۇ ھېچ قانداق بىر نەرسە يىمەي ئىچمەي يەنە ئىككى كۈن ئۆي ئىچىدە مېڭىپلا يۈرىدۇ. ئارىدا بىر قېتىم تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ بىرسىدىن كەلگەن تېلېفونغا جاۋاب بېرىدۇ. تېلېفون قىلغان كىشى فرانك بولۇپ، ئۇ تېلېفوندا، تەدبىر قوللىنىپ، يەنى قانۇندىن پايدىلىنىپ گېزىت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۇنداق پەسكەشلەرچە قارا چاپلاش ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويدۇرغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ ھارغىن بىر ئاۋازدا: ”رەخمەت ساڭا. مەن چوقۇم قايتىدىن ئەسلىمگە كېلىشكە تىرىشىمەن. مەن سېنىڭ بۇ قىلغان ياخشىلىقىڭنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن“ دەيدۇ.
خەۋەر ئاخىرى مۈللېرنىڭ داچىسىغا يېتىپ كېلىدۇ: گېلىنىڭ مىيىتى ۋيېننادا يەرلىككە قويۇلغان؛ دەپىنە مۇراسىمىغا رۆم، مۈللېر، ھىملېر ۋە شۇنىڭدەك ئۆزىنى مىللەتچى سوتسىيالىزم پارتىيىسىنىڭ ۋيېننا مەسئۇلى دەپ تونۇشتۇرغان ياش ئالفرىد فراۋنفېلد دېگەندەك كىشىلەر قاتناشقان ئىدى. ھىتلېر سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان بىرسى بولغانلىقى ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىشى چەكلەنگەن بولسىمۇ قولغا ئېلىنىش خەۋىپىگە قارىماي ئۇ يەرگە بارماقچى بولىدۇ. شۇ كۈنى ئاخشىمى، شىركنىڭ شوپۇرلىقىدا مەرسەدېس بىلەن ئاۋسترىيىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. خوفمان ئۆزى يالغۇز كەينى ئورۇندا ئولتۇرىدۇ. ئۇلار گەپمۇ قىلىشماي ئاۋسترىيە چېگراسىغا قاراپ ماشىنىلىق يۈرۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ كەينىدە مۇھاپىزەتچىلىرى ئولتۇرغان بىر چوڭ ماشىنىمۇ بىرگە ماڭىدۇ. ئۇلار يېتىپ بارغان ۋاقتىدا تاڭ يۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.
ئۇلار ۋيېننا شەھەر سىرتىغا يېتىپ كەلگىنىدە، مەرسەدېس ماشىنىسى ماتەم يېرى ئۈچۈن بەكلا كۆزگە چېلىقىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن فراۋنفولد ئۇلار ئۈچۈن باشقا بىر كىچىك ماشىنا تەييارلاپ قويغان ئىدى. ئۇلار سۈكۈت ئىچىدە مەركىزى قەۋرىستانلىققا يېتىپ كېلىدۇ. ھىتلېر قەۋرە ئۈستىگە گۈل قويىدۇ. قەۋرە تېشىغا مۇنۇ سۆزلەر يېزىلغان ئىدى:256
سۈيۈملۈك قىزىمىز گېلى
بۇ يەردە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇسىغا ماڭدى، ئۇ بىزنىڭ نۇرىمىز ئىدى
1908-يىلى 4-ئىيۇندا تۇغۇلۇپ، 1931-يىلى 18-سىنتەبىردە ۋاپات بولغان
راۋباللار ئائىلىسى
ھىتلېر، فراۋنفېلدنىڭ داچىسىغا كېتىۋېتىپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان جىمجىتلىقنى بۇزۇپ، تىياتىرخانا ئالدىدىن ئۆتكىلى بولارمۇ دەپ سورايدۇ. فراۋنفېلد، ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ”ھە، مەيلى ئايلان ئەمسە“ دەيدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭغا ”ئىچىگە كىرەلمىسەكمۇ ھېچقىسى يوق، يېنىدىن ئۆتسەكمۇ ماڭا يېتىدۇ“ دەيدۇ. ھىتلېر، فراۋنفېلدنىڭ ئۆيىدە تويغىچە ناشتا (نانئۇشتا) قىلىۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ ئېغىر بېسىقلىق بىلەن گەپ باشلايدۇ. ئۇ بۇ قېتىمقى پاجىئە ئۈستىدە گەپ قىلماي گېرمانىيىنىڭ سىياسىي ئىستىقبالى بىلەن ئۆزى ھەققىدە سۆزلەپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى كەسكىن، ئىشەنچكە تولغان ئىدى. ئۇ يەنە فراۋنفېلدقا، ئەڭ كېچىككەندە 1933-يىلى، پولەكلەر دانزىكنى ئىشغال قىلىۋېلىشتىن بۇرۇن چوقۇم گېرمانىيىدە ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىشىم كېرەك دەيدۇ. يولغا چىقىپ ئۆزىنىڭ پىكاۋىغا ئولتۇرىشى بىلەن تەڭ، ئۇ قايتىدىن ئالدىغا قاراپ تىكىلگىنىچە جىمىپ قالىدۇ. بىر ۋاقىتلارغا كېلىپ ئۇ ئۈنلۈك ئويلىنىۋاتقاندەك گەپ قىلىدۇ: ”شۇنداق، ئەندى بۇ كۈرەشنى باشلىۋېتىشىمىز، چوقۇم بۇ كۈرەشتە ئۇتۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ياق، بىز چوقۇم يېڭىپ چىقىمىز!“
ئارىدىن ببىر-ئىككى كۈن ئۆتكەندە، ھىتلېر مەسئۇل كادىرلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاپتوموبىللىق شىمالغا قاراپ ئاتلىنىدۇ. يولدا ھەمرالىرى بىلەن بىرلىكتە كىچىك بىر مېھمانخانىغا چۈشۈپ بىر كېچە قونىدۇ. ئەتىسى ناشتىدا ھىتلېر ئىسلانغان توڭگۇز پۇتى بوچىسى — ژامبون يېيىشنى رەت قىلىدۇ. ”ئادەم خۇددى ئۆلۈك گۆشى يىگەندەك ھېس قىلىدىكەن!“ دەيدۇ گيۆرېڭغا. شۇندىن ئېتىۋارەن، ھىتلېر پەقەتلا گۆش يېمەس بولىۋالىدۇ. (ھىتلېر بۇنداق گەپنى بۇرۇنمۇ دېگەن، بۇندىن كېيىن گۆش يىمەيمەن دېگەن. ھېس خانىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىم ئۇ ۋەدىسىدە تۇرغان بولۇپ، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئىرىمچىك-پەينىردىن باشقا ئاغزىغا پەقەتلا گۆش ئالمايدۇ. ”بۇ ئىش بەكلا تۇيۇقسىز بولدى! بۇرۇن ئۇ گۆشخۇمار بىرى ئىدى، بۇنى چۈشىنىش ياكى بۇ قىلغىنىنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.“)
ھامبۇرگقا بارغاندا ئۇ بىر نۇتۇق سۆزلەيدۇ. مىتىنگكە قاتناشقۇچىلار بەكلا كۆپ، شۇنىڭدەك بەكلا قىزغىن ئىدى. ئۇنىڭ نۇتقى خۇددى بۇرۇنقىدەكلا كۈچلۈك ۋە مۇكەممەل بولدى. ئۇ بۇرۇنقى ئىككى قېتىمقىسىدەك، يەنى بىرىنچى قېتىمىدا پاسۋالىكتا، يەنە بىر قېتىمىدا لاندسبېرگتىكىدەك قايتىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خىيالىغا كىرىپ ئازاپلانغان ئىدى. بەلكىم بۇمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى يېڭىلىشى بولسا كېرەك؟ چۇنكى ئۇ، ھەر قېتىمقىسىدا چوڭقۇر ھاڭدىن چىققىنىدا قايتىدىن روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالغا كېلىپ يېپ-يېڭى نىشانغا قاراپ ئىلگىرلەيدىغان بولۇپ ئۆزگىرەيتتى. دېمەك ئۇ، ئۈچىنچى قېتىم قايتا تىرىلگەن ھېسابلىناتتى.


(داۋامىنى ئىككىنچى كىتابتىن ئوقۇغايسىز)

ئىككىنچى كىتاب
تەختكە چىقىش جەريانى

تۆتىنچى بۆلۈم  قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەر ئىنقىلابى

10. «ئوڭۇممۇ-چۈشۈم؟»   

1  

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-10 03:56:11 | ئايرىم كۆرۈش

تۆتىنچى بۆلۈم
قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەر ئىنقىلابى

10. ”ئوڭۇممۇ — چۈشۈم؟“
1931-يىلىدىن 1933-يىلى 30-يانۋارغىچە258

1
ھىتلېر، گېلىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك كۆڭلى يېرىملىق ھالەتتىن قۇتۇلۇپ شىمالدا چاقىرىلغان پارتىيە رەھبىرى كادىرلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىن پارتىيىنىڭ بەكلا مۇھىم يىغىنى بولغاچقا يىغىنغا پارتىيىنىڭ يەرلىك مەسئۇللىرى بىلەن ئېس-ئاچىلار ئەترىتىنىڭ رەھبەرلىرىلا قاتناشتۇرۇلغان ئىدى. يىغىن ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتىدۇ. بۇ يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، پارتىيەنىڭ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىشى تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ”پارتىيىمىز، بۈگۈن بىردەك ئىتتىپاق ھالىغا كەلدى. — دەيدۇ ھىتلېر يىغىندىن بىر قانچە كۈن كېيىن، — يەرلىك پارتىيە مەسئۇللىرى بىلەن سىياسىي رەھبەرلەر ئىستىخىيىلىك بىر شەكىلدە ئەڭ توغرا قارارلارنى ئېلىشتى.“ يىغىن نەتىجىلىرىدىن بىرسى، پارتىيە ”بارلىق ھۇرۇنلارنى، چىرىگەن ئۇنسۇرلارنى ۋە كارغا كەلمەسلەرنى“ تازىلاپ چىقاردى؛ پارتىيە ئورگانلىرى يىغىنچاقلانغان؛ پارتىيە قۇرۇلمىسى مۇستەھكەملەنگەن، ھىتلېرنىڭ شەخسى ھوقۇقىمۇ كۈچەيتىلگەن ئىدى.
پارتىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرى رەتكە سېلىنغاندىن كېيىن ھىتلېر تېخىمۇ ئەركىن ھالغا كېلىپ مەملىكەت بويىچە سىياسىي  پائالىيەتلەرگە تولۇق قاتنىشىش ئىمكانىغا ئېرىشەلەيدۇ. 1931-يىلى 14-ئۆكتەبىردە پرىزدېنت ھىندېنبۇرگنىڭ يېقىن مەسلىھەتچىسىدىن بىرى بولغان گېنېرال كۇرت ۋون شلېيچېرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھىتلېر بۇ مارشال ”بوۋاي“ بىلەن كۆرۈشىدۇ. ھىتلېر، ھىندېنبۇرگنىڭ ئالدىدا تەمتىرەپلا قالىدۇ. ھىندېنبۇرگ بويى ئالتە يېرىم چارەك، ئاۋازى توم ۋە جاراڭلىق، بەستلىك كۆرۈنۈشتىكى بىر ئادەم ئىدى. ھىتلېرنىڭ گېپى بەكلا ئۇزاپ كەتكەچكە، بۇ قۇرۇغلۇق ئارمىيە مارشالى ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ. ئېيتىشلاردىن قارىغاندا، كۆرۈشۈشتىن كېيىن ھىندېنبۇرگ شلېيچېرغا ئاچچىق بىلەن مۇنداق دېگەنمىش: ھىتلېر دېگەن بۇ كىشى بەكلا غەلىتى بىر مەخلۇق ئىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ باش مىنىستىرغا لايىق بىرسى ئەمەس ئىكەن. بەك بولۇپ كەتسە پوچتا-تېلېگراف مىنىستىرىلا بولالايدىغان بىرسى ئىكەن دەيدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش بەك ئۈمىدلەندۈرگۈچى كۆرۈشۈش ھېسابلانمىسمۇ، شلېيچېر يەنىلا ھىتلېردىن ئۈمىدىنى ئۈزمەيدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. بولۇپمۇ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمى سايلامدا فۈھرېرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۇنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىۋەتكەنلا بولماي، ئۇنىڭ مىللى سوتسىيالىزم پروگراممىسىغىمۇ ئالاھىدە قىزىقىپ قالىدۇ. ”ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ قىزىق ئادەم. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ سۆز قابىلىيىتى ئۈستۈن بىرى ئىكەن. — بۇ گەپلەر ئۇنىڭ ھىتلېرگە بەرگەن باھاسى ئىدى. — ئۇنىڭ پىلانىدىن قارىغاندا،260 بۇ ئادەم ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنى كۆكلەردە كۆرسە كېرەك. ئۇنى رىيال دۇنياغا قايتۇرۇپ كېلىشنى ئويلىساڭ چوقۇم ئۇنىڭ پېشىدىن تارتىپ يۈرىشىڭ كېرەك.“ شلېيچېر دېگەن بۇ ئىسىم نېمىسچىدە ”سۈيىقەستچى“ دېگەن مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ھەقىقەتەن ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بىرى ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ تۈر قىزىقىشى ئۇنى چوڭقۇر پاتقاققا پاتۇرىۋېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئۇ ئىچىدە بۇ كونا ئون بېشىنى خالىغانچە يىتەكلەپ كىتەلەيمەن دەپ ئۆزىگە بەكلا ئىشەنچ قىلاتتى.
ھىتلېرمۇ ئادەتتە ئۆزىنى باشقىلارنىڭ تۆۋەن مۆلچەرلىشىنى خالايتتى. ھۆكۈمەتنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرى نۇرغۇنلىغان نېمىسلارنى ھۇشىغا كەلتۈرىدۇ. ئەمما ھىتلېر شۇندىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي جەريانىدا بۇ كىشىلەر ئارىسىدا بىزنىڭ ھىمايىچىمىز دېگەن ئاساس تىكلىۋالغان ئىدى. ئۇ يەنە چەتئەللىكلەرنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىۋاستە ئامېرىكا خەلقىگە خىتاپ قىلشقىمۇ تىرىشىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى ھەقىقەتەنمۇ مىسلىسىز بىر تىرىشچانلىق ھەرىكىتى ئىدى. ھىتلېر، 11-دېكابىر جۇما ئاخشىمى كولومبىيە رادىئو شىركىتىدە ئامېرىكا خەلقىگە پارتىيىسىنىڭ ”تۇتقان يولى، ئەھمىيىتى ۋە غايىسى“ ھەققىدە چۈشەنچە بەرمەكچى بولسىمۇ ئۇنىڭ رادىئودا سۆزلەش ۋاقتىغا ئاز قالغاندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق رادىئو نۇتقىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ھىتلېرنىڭ رادىئو نۇتقىنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمىسى ھېرستنىڭ ھەر قايسى گېزىتلىرىغا بېسىلىپ بولىدۇ. كىشىلەر ھىتلېرنىڭ كوممۇنىزمغا قارشى رادىكال سىياسەت تۇتقان قىسمىغا بەكىرەك قىزىققان ئىدى. بۇ نۇتۇق تىزىسىدە ھىتلېر ئامېرىكا خەلقىدىن ئۆزىنى مۇداپىيە قىلىش تۇيغۇلىرى ئاساسىدا ”دۇنياۋى ۋاباغا قارشى تۇرۇش“ ئىشىدا، يەنى بولشېۋىكچىلىككە قارشى كۈرەش جەريانىدا ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن ئىدى.
1932-يىلى يېڭى يىل بايرام كۈنى، ھىتلېر ميۇنخېندا بىر قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئۇ مىتىنگ قاتناشقۇچى خەلق ئاممىسىغا، بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىر دۇنيا بەرپا قىلىش كۈرىشى جەريانىدا تەڭرى چوقۇم ئۇنىڭ تەرىپىدە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. «ئىنجىل» دا، سوغوق مۇئامىلە قىلىدىغانلار تۈكۈرۈپ تاشلىنىدۇ دېيىلمىگەنمىدى؟ يەنە شۇ پەيتلەردە ھىتلېر قانداقتۇ بىر غالىبىيەتنى قولغا كەلتۈرىدۇ — ھىندېنبۇرگنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ھىتلېرنى دەرھال بېرلىنغا تەكلىپ قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىدى، ھىتلېردىن مارشال ھىندېنبۇرگنىڭ پرىزدېنتلىق مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلىش ئىدى. ئەمما بۇ تەلەپ ھىتلېرنىڭ ئارزۇسىغا تۈپتىن زىت بىر تەلەپ ئىدى. چۇنكى، بۇنداق بولغىنىدا مەلۇم مىقتاردىكى ئاۋاز بىلەن باش مىنىستىر برۈنىڭنىڭ يۈرگۈزمەكچى بولىۋاتقان ھەر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشكە مەجبۇر بولاتتى. بۇنداق بىر تەلەپنى رەت قىلىپ ھىندېنبۇرگ بىلەن ئاشكارە رىقابەتلىشىش دېمەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك بىر دوغا چىقىش ھېسابلىناتتى. شۇنىڭغا قارىماي، پۈتكۈل سىياسىي ئىستىقبالىنى دوغا تىكىپ مىنىستىرلىك سايلىمىغا قاتنىشىش تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ. ”بوۋاي“ ھەقىقەتەنمۇ بەكلا غەلىتە بىرسى ئىدى. ئۇنىڭ كونسىرىۋاتىپلىقى نۇرغۇنلىغان ئوڭچىلارنىڭ ئاۋازىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر كاپالەت بولاتتى. شۇنىڭدەك يەنە ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنى ئاشكارە ھىمايە قىلىپ، ھىتلېردەك رادىكال ئەقىدىلىكلەرگە قارشى تۇرغىنىدا مۆتىدىل تەرەپلەر بىلەن دېموكراتچى تەرەپلەرنىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلىش پۇرسىتى تۇغۇلىشى مۇمكىن ئىدى.
گيوبېلس، كېيىنچە بۇ كۈنلەردىكى ۋەزىيەت ھەققىدە كۈندىلىك خاتىرىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ”… ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئويۇنى، يەنى سىياسىي دامكا رەسمى باشلاندى.“ ئۇ ھىتلېرنى غەيرەتلەندۈرۈپ بۇ قېتىمقى تەۋەكۈلچىلىك ھەرىكىتىگە ئىلھام بېرىدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن پىكىر خىيالى قانداق قىلىپ سايلام ھەرىكىتى ئۈچۈن يېتەرلىك مەبلەغ توپلىۋېلىشتىلا قالغان ئىدى. ھىتلېر، گېرمانىيىنىڭ پولات-تۆمۈر مەركىزى بولغان دۈسسېلدورفتىكى باغچا مېھمانخانىسىدا بىر قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەپ، بۇ مەسىلىنى بىراقلا ھەل قىلىۋالىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردە بەلگۈلەنگەن ”تەسىرى كۈچلۈك بولغان سودىگەرلەر ئارىسىدا سىستېمىلىق خىزمەت ئىشلەش“ قارارىغا ئاساسەن، فرىتز تايسېننىڭ تەكلىۋى بويىچە، 17-يانۋار كۈنى سانائەتچىلەر كلۇبىدىكى تەسىرى كۈچلۈك كىشىلەرگە بىر نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
ھىتلېر، دۈسسېلدورف نۇتقىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن بىر قېتىملىق يوشۇرۇن سۆھبەت جەريانىدا سىياسىي  پروگراممىسىغا چوڭ ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزىدۇ. ئۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى تارقىتىۋېتىپ ئەركىن باشقۇرۇش دېگەندەك تەشەببۇسلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ يەنە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى بىر پىلاننى — بىر قاتار ئىجتىمائى قۇرۇلۇشى پىلانى بىلەن ئارمىيىنى قايتىدىن قۇراللاندۇرۇش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەكىتلەش بىلەن بىر قاتاردا، چوڭ سودا سانائەتچى كاتىۋاشلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەكلىۋىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىۋىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. بىر سائەتكە قالماي، ئۇنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاۋاتقانلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۇنىڭغا قۇلاق سالىدۇ. ھىتلېر نۇتقى ئارقىلىق بۇ تۈردىكى ئەمەلىيەتنى چىقىش نوقتىسى قىلىدىغان سودىگەرلەرگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە تېگىپ ئۆتىدۇ. مەسىلەن، ئۇ شەخسى مۈلۈككە ئىگە بولۇش ئۇلارنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى كېسىپ ئېيتىدۇ.261 شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كوممۇنىزم تەرەققىياتىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرغا چىقىدىغان قورقۇنۇشلۇق بىر مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. ”ئەگەر بۇنىڭ ئالدى ئېلىنمايدىكەن، خۇددى خرىستىئانلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كۆرۈلگىنىدەك، بولشېۋىكچىلىك دۇنيانىڭ قىياپىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن. … يەنى ئەگەر بۇ ھەرىكەت داۋاملىق تەرەققى قىلىپ بارغىنىدا، ھازىردىن باشلاپ 3 يۈز يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە كىشىلەر لېنىننى 1917-يىللارنىڭ ئىنقىلابچىسى قاتارىدا تونۇيدىغانلا بولۇپ ئۆزگەرمەي ھەتتا پۇساغا چوقۇنغاندەك لېنىنغا چوقۇنۇش ۋەزىيىتى ئوتتۇرغا چىقىدۇ.“ ئۇ يەنە ئىقتىسادىي بوھران مىليونلىغان ئىشسىزلار بىلەن ھەممىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان نېمىس خەلقىنى يول تاپالماي قاراڭغۇلۇق ئىچىدە كوممۇنىزمچىلاردىن بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ؛ بۇ مەسىلە گېرمانىيىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە دۈچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددى مەسىلىلىرىدىن بىرى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش، ھەرگىزمۇ ئىقتىسادىي قانۇنلارغا تايىنىش بولماستىن ھاكىمىيەتكە تايىنىش ئىشىدۇر؛ ناتسىستلار پارتىيىسى، ۋە پەقەت ناتسىستلار پارتىيىسىلا بۇنداق قىزىللار ئېقىنىنى توساشقا تەييار ۋە بۇنى توساشنى خالايدۇ. ئەگەر مىللى سوتسىيالىزم بولمايدىكەن، گېرمانىيىدە ئوتتۇرا تەبىقە دەيدىغان بىر سىنىپ مەۋجۇت بولماي قالىدۇ؛ ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ بارلىقىلا دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى، روناق تېپىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ دەپ سۆزلەيدۇ.
ھىتلېرنىڭ نۇتقى ھېچ قاچان بۈگۈنكى نۇتقىدەك بۇنچە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىپ باققان ئەمەس. ئۇ نۇتقىدا ھېسسىيات بىلەن مەنتىقىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ پايدىلىنىدۇ. ئۇ، ھېلى بولشېۋىكچىلىكنىڭ قورقۇنۇشلۇق تەسۋىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا بىخەتەرلىك ئېلىپ كەلگەن تۈزۈمنىڭ ئاغدۇرۇلىشىدىن كېيىنكى قورقۇنۇشلۇق ۋەزىيەت بىلەن كىشىلەرنى قورقۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ شەخسىيەتچىلىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلاتتى. يەنى، ئەگەر ئۆز سانائېتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشنى ۋە ئۇنىڭ تەرەققى قىلىشنى خالايدىكەن، ئۇلارغا چوقۇم بىر مۇستەبىت چىقىپ ھاكىمىيەتنى باشقۇرۇپ بېرىشىگە ۋە گېرمانىيەگە رەھبەر بولۇپ بېرىشىگە، ئاخىرىدا گېرمانىيەنى قايتىدىن دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈشكە مۇھتاج بولىدۇ دەپ كۆرسىتىدۇ. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى 50 يىل مابەينىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلار بىلەن بايلىقلارنىڭ توزۇپ يوقاپ كېتىشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ھىتلېرنى تەستىقلاپ تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيلىرىگە قايتىپ بارا-بارماي ئۇنىڭغا، يەنى خەلق ئاممىسىنى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى بېرىۋاتقان بۇ ئادەمگە ئىئانە قىلىش تەييارلىقىغا تۇتۇش قىلىدۇ.

2
ھىندېنبۇرگ، فېۋرالنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يەنە بىر قېتىم پرىزدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئىش، ھىتلېرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. روشەنكى، ناتسىتلار سايلام مۇسابىقىسىگە قاتناشماقچى بولىدىكەن، چوقۇم بىر نامزات كۆرسىتىشى كېرەك ئىدى. ناتسىستلار پارتىيىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇنداق بىر نامزات پەقەت ھىتلېرلا بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا بىرسى بۇنداق بىر پۇرسەتتىن بىرەر نەتىجە چىقىرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولشىغا قارىماي، ھىتلېر يەنىلا بۇ ئىشقا جاسارەت قىلالماي كەلمەكتە ئىدى. ”شۇنداق ئەمەسمۇ، مەن چوقۇم تەختكە چىقالايمەن، باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا بىر-بىرلەپ مەغلوپ بولىدىغانلىقىنى ھېلىتىنلا ھېس قىلماقتىمەن. — دەيدۇ بىر كۈنى فرانكقا، — مەن ئۆزەمنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە باش مىنىستېر بولىدىغان بىر ئادەم دەپ كۆرمەكتىمەن، مەن چوقۇم بولالايمەن دەپ قارايمەن. شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنى ھېچ قاچان پىرىزدىنت بولالايمەن دەپ كۆزئالدىمغا كەلتۈرەلمىدىم، مەن زادىلا پرىزدىنىت بولالايدىغان بىرسى ئەمەسمەن.“ ئۇنىڭ بۇنداق ئەنسىرىشىنى ئاساسسىز دېيىشكە بولمايتتى. ئۇ، بۇ ئىشتا توپ-توغرا ئىككى ھەپتە تەۋرىنىپ بىر پىكىرگە كىلەلمەي يۈرىدۇ. ئاخىرىدا گيوبېلس ئۇنى بۇ ئىشقا قايىل قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ دەرھال سايلام مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش لاياقىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ. ئۇ ناتسىستلار پارتىيىسى ئىچكى سىياسىي بىيرو باشلىقى براۋنشۋېيگنىڭ يول مېڭىشى نەتىجىسىدە گېرمانىيە پۇخرالىقىغا ئۆتىدۇ. ئاندىن بۇ شىتاتنىڭ پارلامېنت ۋەكىللىكىنىمۇ قولغا كەلتۈرىدۇ. ھىتلېر، ئەتىسى، يەنى 27-فۋرال، 15 كۈندىن كېيىن پرىزدىنت نامزاتى بولۇپ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمى ئېلان قىلىدۇ.
ئىقتىسادىي بوھران بىلەن سىياسىي ئۆچمەنلىكلەر گېرمانىيىنى رەسمىي بىر ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرىۋەتكەن دېيىشكە بولاتتى. ”بېرلىن ئىچكى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرىپ قالغان ئىدى. _ دەپ يازىدۇ كرىستوفېر ئىشېرۋود، _ ئۆچمەنلىكلەر خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پات-پاتلا ھەممە يەردە ئۆزىنى كۆرسىتەتتى: بۇنداق دۈشمەنلىشىشلەر كوچا-دوخمۇشلاردا، چوڭ-كىچىك مېھمانخانىلاردا، كىنوخانىلاردا، تانسىخانىلاردا، سۇ ئۈزۈش كۆللىرىدە، … ھەممىلا يەردە يۈز بېرىپ تۇراتتى؛ يېرىم كېچىلەردە، ناشتىدىن كېيىن، چۈشلۈك تاماق ۋاقىتلىرىدا جىدەل پەيدا بولۇپ تۇراتتى. پىچاققا قارشى پىچاق، توخماققا قارشى سۇنۇق بوتۇلكىلار بىلەن،262 مىق قادالغان توخماققا قارشى ئورۇندۇق پۇتلىرى بىلەن ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشاتتى؛ ئېتىشقان ئوقلار ئېلان-سەنئەت تاختايلىرىنى ئۆتمە-تۆشۈك قىلىۋەتكەن، ئوقلار ھاجەتخانا قاڭالتىر ئۆگزىسىدىن قاڭقىپ ھەر تەرەپكە چاچىراپ تۇرغان، … رەسمى بىر جەڭ مەيدانىنى ئەسلىتەتتى.“
ئۆچمەنلىكلەر خۇددى ۋابادەك پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تارقالماقتا ئىدى. ئىقتىسادىي كرىزىستىن زىيان تارتقانلار ئۆزىدىن تەلەيلىك بولغان كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىشاتتى. دۇكان تاقاشقا مەجبۇرلانغان ئۇششاق دۇكاندارلار چوڭ-چوڭ تۈرلۈك ماللار ماگىزىن خوجايىنلىرىنى قاغىشاتتى؛ مىليونلىغان ئىشسىزلار ئىش تاپالىغانلار بىلەن ”خوجايىنلار“ غا ئۆچمەنلىك قىلىشاتتى؛ ئون مىڭلىغان ئۇنىۋېرسىتېت ستۇدېنتلىرى كىلەچەك ئىستىقبالىنىڭ توسىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشىپ، ئۈمىدسىزلىكتىن كېلىپ چىققان غەزەپلىك ھېسسىياتلىرىنى ھەر تۈردىكى ئادەم ئېلىش ئورۇنلىرىنى قاغاش ئارقىلىق باستۇرۇشاتتى. ئىقتىسادىي بوھران پۈتۈن ساھە تەبىقىلىرىگە دېگىدەك زەربە بەرمەكتە ئىدى. دېھقانلار ئۈستىدىكى كۆتۈرەلمىگىدەك ئېغىر باج-سىلىق يۈكى ئاستىدا ئېزىلمەكتە، كالىدەك ئىشلىگىنىگە قارىماي دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى شۇندانداق تۆۋەن ئىدىكى، چىقىمنىمۇ قاپلىيالمايتتى. شۇڭا دېھقانلار شەھەرلىكلەرگە ئۆچمەنلىك كۆزى بىلەن قارىشاتتى؛ بۇنىڭ ئەكسىچە سانى كۈنسايىن ئارتىپ كېتىۋاتقان ئىشسىز ”ئاق ياقىلىقلار“ مۇ دېھقانلارغا ھەسەتخورلۇق قىلاتتى — ھەر نېمە دېگەن بىلەن دېھقانلارنىڭ يىغقىدەك ھوسۇلى بار-دە! نۇرغۇنلىغان چوڭ شەھەرلەردە ئىشسىز ئىشچىلار شەھەر ئەتراپىدا ئوچۇقچىلىقتا ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشەتتى. كوچا-دوخمۇشلاردا تىلەمچىلەر دەستىدىن ئۆتكىلى بولمايتتى؛ ئومۇمى سايلام ھارپىسىغىچە ئىشسىزلار جەدۋىلىنى توشقۇزغانلار سانى 6 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە نەچچە مىليونلۇق كۈنلۈكچىلەر قوشۇنى ياكى ئىشسىزلىق جەدۋىلى توشقۇزۇشنى خالىمايدىغانلارمۇ بار ئىدى.
ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېغىر زەربە يەپ ۋەيران بولغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پاجىئەدىن قۇتۇلۇشتا ئادولف ھىتلېرنىڭ سايلىنىشىنى بىردىن-بىر ئۈمىد دەپ قاراشقان ئىدى. ھىتلېر ئەزەلدىن ۋېيمار ھۆكۈمىتى بىلەن ھەرگىز ياراشماسلىق يولىنى تۇتۇپ كەلگەنلىكى، شۇنىڭدەك قىلچە تەۋرەنمەي ئاشكارە تۈردە ۋېرسال شەرتنامىسىغا ھەمدە قىزىللار تەھدىتىگە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، گەرچە ھىتلېر دېگەن بۇ ئادەم سانائەت كاپىتالىستلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەك قۇيۇق ئىكەن دېگەندەك ئۆسۈك سۆزلەر ھەر قانچە يامىراپ يۈرگەن بولسىمۇ كىشىلەر بۇنداق گەپلەرگە پەرۋا قىلىشماي ئۈمۈدىنى يەنىلا شۇ ھىتلېرنىڭ ئۈستىگە قويغان ئىدى. ھىتلېرنىڭ شۇئارى بەكلا ئاددى ئىدى: ”ئەركىنلىك ئۈچۈن، بولكا ئۈچۈن!“ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆتۈرۈلگەن بۇ قالايماقانچىلىق ئىچىدە قەتئى چىڭ تۇرۇپ گېرمانىيە ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق چىقىش يولىنى ئوتتۇرغا قويىمەن دەپ كەسكىن ۋەدىلەر بېرەتتى. ھىندېنبۇرگ تەرەتارلىرى بولسا ھەممە يەرگە ئېلان چاپلاپ سايلامدا ئاۋاز بېرىدىغان خەلقتىن ئۇنىڭ بۇرۇنقى ياخشىلىقلىرىنى ئۇنۇتماسلىققا چاقىراتتى: ”ئۇ بۇرۇن سىلەرگە ئىشەندى، ئەندى سىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار.“ گيوبېلس بۇنداق شۇئارلارغا ”ھىندېنبۇرگقا ھۆرمەت، ھىتلېرنى سايلاش“ دېگەن شۇئار بىلەن رەددىيە بېرەتتى.
فۈھرېر، ئاساسى دىققىتىنى پۈتۈنلەي خانىۋەيران بولغان ئوتتۇرا ياشلىقلار بىلەن غايىلىك ياشلار ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇ جاپادىن قورقماي ھەممە يەرنى ئايلىنىپ نۇتۇق سۆزلەپ، بۇ ئىككى تۈر كىشىلەردىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەر تۈرلۈك ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىدۇ. گيوبېلسنىڭ مېڭىسىنىڭ قېتىقى چىقىپ كەتكىچە باش قاتۇرۇپ ئويلاپ تاپقان تەشۋىقات ھەرىكىتى ھەقىقەتەنمۇ ئىجادىي خاراكتېردىكى بىر ئەسەر ئىدى. ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، ناتسىستلار شۇئارى چاپلانمىغان تام قالمىدى دېيىشكە بولاتتى؛ خەلق ئاممىسىغا ئايروپلاندىن تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىدۇ؛ ئۆيىدە پاتىپون بولغان كىشىلەرگە 50 مىڭ پارچە تەشۋىقات ناخشا تەخسىسى ئىۋەرتىدۇ؛ ئاخشاملىرى ئاممىۋى مەيدانلاردا ھىتلېر بىلەن گيوبېلسنىڭ نۇتقى لېنتىغا ئېلىنغان ”ئاۋازلىق كىنو فىلىم“ لىرىنى قويۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي بۇ ھەرىكەت پىلانىنىڭ مۇھىم نوقتىسى يەنىلا كىشىنى ھارغۇزۇپ ھالىدىن كەتكۈزىۋېتىدىغان نۇتۇق سۆزلەش كۈنلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئىدى. مارتنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە ھىتلېر بىلەن گيوبېلس ئىككىسى ھەر كۈنى دېگىدەك مۇھىم نۇتۇق سۆزلەش بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئادەتتە بۇنداق نۇتۇقلار كۈنىگە ئىككى ھەتتا ئۈچ قېتىم سۆزلىنەتتى.
شۇ ۋاقىتلاردا يەنە، ھىندېنبۇرگچىلارنىڭ لاگىرى بولسا ئېغىر قالايماقانچىلىق ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ. ئۇلار ئىشنىڭ بېشىدىلا ئۆز ئىچىدە بۆلۈنۈپ گۇرۇھ بولۇشقا باشلايدۇ. كىشىلەرمۇ ئۆزئارا پرىزدېنتنىڭ ئوغلى ئوسكار مەخپى تۈردە كاتولىك مورتلىقىنى قوبۇل قىلىپتۇ، ئۇ يەنە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپتۇ دېگەندەك گەپلەرنى تارقىتىشاتتى؛ ھىندېېنبۇرگ تەرەپتە ئىچكى بۆلۈنۈش كۈنسايىن ئارتماقتا ئىدى. تېخىمۇ بىمەنە بولغىنى، بەزىلەر ھىندېنبۇرگنىڭ ئوتتۇرا ياشقا كىرىپ قالغان ئىككى قىزىنى سوتسىيالىزمچى ستۇدېنتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ئىكەن دەپ گەپ تارقىتىپ ھۇجۇم قىلىشىدۇ. ھىندېنبۇرگ تەرەپتىكىلەرنىڭ ۋاقتى بۇنداق يالغان-ياۋداق گەپلەرنى ئېنىقلاش ۋە رەددىيە بېرىش ئۈستىگە مەركەزلىشىپ قېلىپ، ھىتلېرنىڭ سىياسەتلىرىگە قارىتا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە ۋاقىت ئاجرىتالماس ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق يالغان گەپلەرنى رەت قىلغانسىرى بۇنداق يالغانلار تېخىمۇ راستتەك تۇيۇلاتتى. شۇنداق قىلىپ، ھىندېنبۇرگ تەرەپتارلىرى بىر-بىرسى بىلەن تىنماي مۇنازىرىلىشىپ يۈرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ.263 ھىندېنبۇرگنىڭ ئۆزىمۇ سايلامدا ئاۋاز توپلاش ئۈچۈن تۈزۈك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدۇ. ئۇ، سايلامغا ئۈچ كۈن قالغان ۋاقىتتا جامائەت ئالدىدا بىرلا قېتىم كۆرۈنۈپ قويىدۇ. يەنە كېلىپ شۇ بىر قېتىملىق سۆزلىگەن نۇتقىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكى نېمىسلارنىڭ، داۋاملىق ۋەزىپىدە تۇرۇپ بېرىشىمنى، ھوقۇقنىڭ سولچىلار ياكى ئوڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن توسالغۇ بولۇپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈنلا بۇ قېتىمقى سايلام رىقابىتىگە قاتناشماقتىمەن دېگەندەك بىمەنە گەپلەرنى قىلىدۇ.
سايلام كۈنى، يەنى 13-مارت گۈگۈم ۋاقتىدا سايلام ساندۇقىدىن چىققان رەقەملەر ھىندېنبۇرگنىڭ ھىتلېردىن ئۈستۈن ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. گيوبېلسقا ئوخشاش پارتىيە ئەسكەرلىرى سايلامدىن بەكلا ئۈمىدۋار ئىدى: بۇ قېتىم ھىتلېر چوقۇم پرىزدىنت تەختىگە ئولتۇرىدۇ دەپ قەتئىي ئىشىنەتتى. ئەمما ئۇلارغا تاشلانغان سايلام بىلەت سانىنىڭ پەرقى بارغانسىرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالىدۇ. تۈن يېرىمى سائەت بىر بولغاندا ئاۋاز سانى ئېنىق ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ھىندېنبۇرگ 7 مىليون ئاۋاز بىلەن ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن بولۇپ، زۆرۈر بولغان ئاۋاز سانىغا ئارانلا 350 مىڭ ئاۋاز كام قالغان ئىدى. گەرچە بۇ ئىككى رەھبەر ئوتتۇرسىدا يەنە بىر قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلىشى لازىم بولسىمۇ، گيوبېلس ”ھوقۇققا ئېرىشىش خىيالىمىز ھازىرچە يوققا چىقتى“ دەپ قارايدۇ.
ئەمما ھىتلېر ئۇنداق قارىمايتتى. ئۇ يېقىن سىرداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خېك قەھۋىخانىسىدا ئاخىرغىچە چىداپ كۈتۈپ ئولتۇرۇپ باقىدۇ. ئۇ ئالدىراش قەھۋىخانىدىن چىقىپ ”قوڭۇر بىنا“ غا كېلىپ ئېغىزچە بىر بايانات ئېلان قىلىپ، كىچىكتۈرمەستىن مىللى سوتسىيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسىنى دەرھال ئاخىرقى سايلام ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا بويرۇق قىلىدۇ. ”تۇنجى باسقۇچلۇق سايلام ئاخىرلاشتى. ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلام مۇسابىقىسى بۈگۈن باشلىنىدۇ. بۇ قېتىم ئۆزەم بىۋاستە مەيدانغا چۈشۈپ بۇ قېتىمقى سايلام مۇسابىقىسىغا يىتەكچىلىك قىلىمەن!“ ھىتلېر ئۈمىدسىزلىك روھى ھالىتىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلغان بولۇپ، گيوبېلس بىلەن بىرلىكتە بىر ھەپتىلىك بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ پارتىيىنىڭ يەرلىك مەسئۇل خادىملىرىغا، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پارتىيە گېزىتىنىڭ تەھرىرلىرى قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا نۇرغۇن قېتىم نۇتۇق سۆزلەپ ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتىدۇ. يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر، كېيىنكى قېتىملىق سايلامدا ھىتلېر چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ دەيدىغان ئىشەنچنى تۇرغۇزۇشىدۇ.
ئەمما ئاخىرقى باسقۇچلۇق سايلام تەھدىت ئاستىدا قالىدۇ. بۇ تەھدىتكە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ گېزىتى «ميۇنخېن پوچتىسى» دا رۆم بىلەن بىر پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسى ئوتتۇرسىدا يېزىشقان خەتلەرنىڭ تۇيۇقسىزلا ئېلان قىلىنىشى سەۋەپ بولىدۇ. بۇ خەتلەردە، ئۇ ئىككىسىنىڭلا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ھەۋىسىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولىدۇ: ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتگە، ھەمدە يۇلتۇز پالچىلىققا قىزىقىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. تەپسىلى تەكشۈرۈش ماتېرىيالى قولغا كەلگەندىن كېيىن، خانس فرانك شەخسىگە ھاقارەت سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بۇ گېزىت ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنىدۇ. بۇ چاغدا، رۆممۇ ئامالسىز بۇ گەپلەرنى ئېتراپ قىلىدۇ — ئۇ شەرمەندىلەرچە، ئايلاندۈرۈپ يۇپۇرتۇپ يۈرۈپ ئۆزىنىڭ ”قوش جىنىسلىق“ ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان ئىدى. ھىتلېرنىڭ ئادۋوكاتى بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. چۇنكى ئۇ ئەزەلدىن تارتىپ ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى قۇرىدىغانلارنى ھېس-تۇيغۇسىز ئادەملەر دەپ قارايتتى. ”بۇ قانداق بولغىنى؟ — دەيدۇ فرانك ئەسلىمىسىدە، — رۆمنىڭ كۆرۈنۈشى دەل ئەكسىنچە قەھرىمانلىق چىقىپ تۇرىدىغان، داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان ھەربى ئادەم تىپىغا ئىگە بىرسى ئىدى. ئۇنىڭ يۈز-كۆزى يارا-تاتۇقلار بىلەن قاپلانغان، كۆكرىكىنى كىرىپ مەردانىلارچە ماڭىدىغان بىرسى. تاشقى كۆرىنىشىدە رۆم ھەقىقەتەنمۇ كام-كۈستىسىز بىر ئەركەك ئىدى.“
ھىتلېرمۇ ئۇزۇندىن بېرى رۆمنىڭ ئوخشاش جىنىس مۇناسىۋىتىگە پەرۋا قىلماي يۈرگەن ئىدى. ئۇ يىللاردا، ئۇنىڭ بۇنداق مۇئامىلىدە بولىشىنى ھەقىقەتەنمۇ قالتىس مەرتلىك دېيىش كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇ قولىدىكى رەسمى پاكىتلارنى كۆرگىنىدىن كېيىن، ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى غەزەپتىن مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتكەندەك سەكرەپ كېتىش بولىدۇ. ئۇ مىڭ تەستە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ”بۇ ئىشلار ھەممىنى مالىماتاڭ قىلىۋەتتى، نېمە دېگەن قورقۇنۇشلۇق! ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەم ئەمەس پەسكەش بىر نېمە ئىكەن! ئۇ بىر ھايۋان! ھەتتا ھايۋاندىنمۇ بەتەر، ئۇنىڭ قىلىقلىرىنى ھايۋانمۇ قىلمايدۇ!“ ئۇ ئادۋوكاتىدىن رۆمنىڭ ياش يىگىتلەر بىلەن ئۆسمۈر بالىلارنى ”دەپسەندە“ قىلىپ-قىلمىغانلىقىنى سورايدۇ. ئادۋوكات، بۇ ھەقتە بىرەر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە پاكىت ئۇچرىتالمىدۇق دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھىتلېر سەل جايىغا كېلىدۇ. ”ئەگەر شۇنداق بىرەر ۋەقە بولغانلىقى ئىسپاتلىنىدىكەن، ئۇنىڭغا قەتئى رەھىم قىلماسلىق كېرەك. ياش يىگىتلەر ئارىسىدا … رۆمنىڭ قىلىپ يۈرگەن بۇ ئىشلىرى، … ئۇ بالىلارنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار دېيەلمەيمىزمۇ؟“ فرانك بۇنداق بىر دەلىلىمىز يوق قايتا تەكىتلەيدۇ.264 ”ئۇنداقتا، بىز ئەمدى رۆمنى ساقلاپ قېلىش-قالماسلىق مەسىلىسىنى ئويلىنىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇ راستلا ئۆسمۈرلەرگىمۇ چېقىلغان بولسا، ئۇنداقتا، تەڭرى جازاسىنى بەرگەي! ئۇنداق ئىش بارلىقى ئىسپاتلىنىشى ھامان ئۇنى سەپتىن قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك!“
رۆم ھەققىدىكى بۇ سەتچىلىك ھىتلېرنىڭ دىققىتىنى پۈتۈنلەي چېچىۋەتكەن ئىدى. ئەمما ئاخىرقى سايلام مۇسابىقە پائالىيىتى باشلىنىشى ھامان ھىتلېر بۇ سەتچىلىكنى پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. ئۇ خۇددى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردېكىدەك قايتىدىن زىھنى ئۇرغۇپ تۇرغان ئۈمىدۋار بىرسىگە ئايلىنىدۇ. ئاخىرقى سايلامغا ئارانلا بىر ھەپتە ۋاقىت قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئايروپىلان بىلەن مىتىنگ مەيدانلىرىغا ئۇچۇپ كۈنىگە 3~4 قېتىمدىن نۇتۇق سۆزلەشكە كىرىشىدۇ.
ھىتلېر بۇ قېتىمقى مىتىنگ سەپەرلىرىدە ئەنگىلىيىلىك مۇخپىر سېفتون دېلمېر بىلەن ئۇنىڭ ھەمرالىرىنى بىرگە ھەمرا بولۇپ بېرىشلىرىنى تەكلىپ قىلىدۇ. گەرچە ھاۋارايى شارائىتلىرى بەكلا ناچار، كۈندىلىك پروگراممىلىرىمۇ بەكلا كۆپ بولىشىغا قارىماي يەنىلا پىلانلانغان مىتىنگلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېچىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق غەيرىتى بۇ ئەنگىلىيىلىك مۇخبىرغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. ھىتلېر ھەر بىر شەھەرگە بارغىنىدا ئەتراپى ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىدىغان ئاياللار تەرىپىدىن زىچ قورشاپ ئېلىناتتى. كوبلېنز شەھىرىگە بارغاندا پويىز ۋاگۇنىنىڭ كارىدورىدا ئىككى قىز ھىتلېرنىڭ ئالدىنى توسىۋالىدۇ. دېلمېر ئۇ ئىككى قىزنىڭ ھىتلېر تۇرىدىغان بۆلۈمدە ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا يىغلاپ چىقىرىشىۋاتقانلىقىنى، ھىتلېر ئۈن چىقارماي بىر چەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. دېلمېر ئۇ كومپارتمانغا كىرگەن ۋاقتىدا ھىتلېرنىڭ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قىزلارنىڭ ئالدىدا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ دېلمېرنى كۆرمىگەندەك، بېرىپ دېرىزە پەردىسىنى بىر يانغا قايرىپ پويىز كۈتۈش سۇپىسىدىكى كىشىلەر توپىغا كۆز يۈگۈرتىدۇ. ”ئۇنىڭ ئۇيقىسىز كۆزلىرى خۇددى پىلجىكتىردەك ئەتراپنى كۈزەتكەش كىشىلەرنىڭ كۆزىدىلا يېنىدىكى ئىككى قىزدىن ئالغان ھاياجانلىنىشىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى، شۇنىڭدەك بۇ ھېسسىياتىنى يەنە كىشىلەر ئۈستىگە يايماقتا ئىدى.“
بۇنداق كەسكىن سايلام رىقابىتى جەريانىدا ھىتلېر ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى كامدىن-كام ئاشىكارقىلاتتى. ھامبۇرگنىڭ يەرلىك مەسئۇللىرىدىن ئالبېرت كرېبس بۇنىڭدەك باشقا بىر مەنزىرىنىمۇ كۆرگەن ئىدى. ئۇ فۈھرېرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى سۆزلىگەن نۇتقى بېسىلغان گېزىتنى قولىدا تۇتقىنىچە فۈھرېر چۈشكەن ”ئاتلانتىك مېھمانخانىسى“ دىكى ياتىقىغا كىرىدۇ. ھىتلېر ھاياجان بىلەن ”مېنىڭ شويلام، ئۇمىچىم كەلدى!“ دېگىنىچە ئالبېرت كرېبسنى قارشى ئالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ گەپنى ئاۋال ھىتلېر باشلاپ بەرگەن بولغاچقا، شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەمرالىرىمۇ خۇددى شاتۇتقا ئوخشاش بۇ گەپنى دوراشقا باشلايدۇ. كرېبس فۈھرېرىنىڭ ئالدىغا كېلىشى بىلەن تەڭ ناشتىلىق پۇرچاق يامىسى شويلىسىمۇ كەلتۈرۈلگەن ئىدى (ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدىكى كىشىلەردە ئادەتتە رەسمىي تاماقتىن بۇرۇن بىرخىل يېسى پۇرچاق يامىسىدا ئېتىلگەن پۇرچاق شويلىسى، يەنى ئۇماچ ئىچىش ئادىتى بار. يەنى ئاۋال سۇيۇق ئاندىن قۇيۇق.— ئۇ. ت). ھىتلېر پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۇمىچىنى ئىچىشكە كىرىشىدۇ. كۆرۈنۈشىدىن ھىتلېر بەكلا چارچاپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە غەمدە قالغاندەك ئىدى. ھىتلېر ئۇمىچىنى ئىچكەچ بېشىنى كۆتۈرۈپ كرېبسقا قاراپ ئۇنىڭ گۆشسىز تاماق يېيىش ئادىتىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئاندىن جاۋابىنى كۈتمەيلا ھەۋەس بىلەن بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى سۆزلەپ، ”ئەنسىزلىك مىجەزىدىن كەلگەن قورقۇش كېسەللىك ئالامەتلىرى“ نى ئاشكارىلايدۇ.
ھىتلېر، كرېبسنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ باشقىلاردەك نورىمال بىرسى ئىكەنلىكىنى ئاشىكارىلايدۇ. ئۇ ئۆزىنى تۇنجى قېتىم بۇنداق ئاشكارىلىماقتا ئىدى (ئەسلىدە نېمىس تىلىدا ’كرېبس‘ دېگەن بۇ سۆز ’راك كېسىلى‘ دېگەن مەنىگىمۇ ئىگە ئىدى). ھىتلېر ئۇنىڭغا سەمىمىلىك بىلەن مۇنداق دەيدۇ: تۇرمۇشۇمدا بىر مۇنچە ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلدى: مەندە جىددى تەرلەش، ھەر دائىم قاتتىق ھاياجانلىنىش، ھارغىنلىقتىن پۇت-قولۇم تىتىرەش، شۇنىڭدەك يەنە پات-پاتلا ئاشقازىنىم ئاغرىش دېگەندەكلەر كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى دەيدۇ. ھىتلېر، ئاشقازىنىنىڭ قاتتىق ئاغرىپ كېتىشى چوقۇم راك كېسىلىنىڭ بىر ئالامىتى بولىشى ئېھتىمالىنى، شۇڭا، زىممىسىدىكى ۋەزىپىسىنى تېزلىكتە پۈتتۈرمىسە بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ ۋاقتى قالمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ”مېنىڭ ئىشلارنى كەينىگە سۆرىگىدەك كۆپ ۋاقتىم يوق. — ئۇ بىر تەرەپتىن ئۇمىچىنى ئىچكەچ گېپىنى داۋام قىلىدۇ، — ئەگەر مېنىڭ يېتەرلىك ۋاقتىم بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا بۇنچە ئالدىراپ نامزات بولىمەن دېيىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. تەبىئىيكى’بوۋىمىز‘ (ھىندېنبۇرگنى دېمەكچى) نىڭ ۋاقتىمۇ كۈنسايىن ئازىيىپ بارماقتا. ئەمما مەن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلالمايمەن، بىر يىلىنىمۇ ئىسراپ قىلىشقا ھەققىم يوق. مەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز تەختكە چىقىشىم كېرەك، قالغان شۇ ئازغىنە ئۆمۈرۈمدە بولسىمۇ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەكلا كۆپ مەسىلىلەرنى پۈتتەرمىسەم بولمايدۇ. شۇڭا مەن چوقۇم تېزلىكتە ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشىم شەرت! قولغا كەلتۈرمىسەم قەتئى بولمايدۇ!“ ھىتلېر تۇيۇقسىزلا بۇ ھەقتىكى گېپىنى توختىتىدۇ. كرېبس بۇ ھەقتە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ مۇنداق مۇلاھىزە قىلىدۇ: ”كىشىلەر، ھىتلېر قايتىدىن روھلىنىپ ئۆز ئەسلىگە كەلدى دېيىشىدۇ. بۇنى ئۇنىڭ چىراي شەكلىدىكى ئىپادىلىرىدىن ھەمدە سۆز قىلغاندىكى ئاۋازىدىنلا ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن.265 ئۇنىڭدىكى ئۈمىدسىزلىك قىياپەتلەر پۈتۈنلەي تۈگەپ نورىمال ھالىتىدىكى ھىتلېر، قايتىدىن فۈھرېر ھالىدىكى ھىتلېرغا ئۆزگەردى.“
ھىتلېر خەلق ئاممىسى ئارىسىدا روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش بىرىنىڭ كۆرۈنۈشىنى بېرىپ يۈرگەن كۈنلەردە، ھىندېنبۇرگ كۈچلىرىمۇ ئۈنسىز-ساداسىز سايلام رىقابىتىگە كىرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم ھىندېنبۇرگ بىرەر قېتىممۇ نۇتۇق سۆزلەشكە چىقمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئوتتۇرغا چىقماسلىقى كىشىلەر ئارىسىدا پات يېقىندا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن دەيدىغان گەپلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. كىشىلەر يەنە ئۆز ئىچىدە پىچىرلىشىپ، ئەگەر ھىندېنبۇرگ قايتىدىن سايلانغىدەك بولسا پېنسىيە پۇلىمىز بىلەن مائاشىمىزنىڭ يېرىمىنى تۇتۇپ قېلىشى، ئىشسىزلىق قۇتقۇزۇش پۇلىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىشى مۇمكىن دەپ غۇدۇراشقا باشلايدۇ. سايلام ھارپىسىدا، قارىغاندا ھىتلېرنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. ھەتتا ھىتلېرنى شاڭخو قىلىپ مازاق قىلىپ يۈرگەن سپېنگلېرمۇ مىللى سوتسىيالىزم پارتىيىسىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىش قارارىغا كەلگەن ئىدى. چۇنكى ”ھىتلېر دېگەن بۇ ئادەم بىر ئاخماق، شۇنداقتىمۇ مىللى سوتسىيالىزم پارتىيىسىنى يەنىلا قوللاشقا تېگىشلىك بىر پارتىيە“ دەپ قارايتتى. 10-ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى، ھىتلېر 2 مىليون ئاۋاز كۆپەيتىپ جەمئىي 13 مىليون 418 مىڭ 51 ئاۋازغا ئېرىشىدۇ. گەرچە ياشانغان مارشال ئاۋاز سانىنى ئارانلا 700 مىڭ بىلەت كۆپەيتەلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا 53 پىرسەنت لىك ئاۋازغا ئېرىشىپ مۇقىم ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلىگەن ئىدى. كومپارتىيىنىڭ ئالغان ئاۋازى بۇرۇنقىدىن ئازىيىپ كېتىدۇ. سايلامغا قاتناشقان خەلقنىڭ تۆتتە بىرىدىن ئارتۇقىراق قىسمى يا گيوبېلسنىڭ گېپىگە كىرىپ ھىتلېرغا ئاۋاز بەرگەن يا بولمىسا ھىندېنبۇرگقا ئاۋاز بەرگەن ئىدى. نەتىجىدە ھىتلېرنى پىرىزدېنت سارىيىغا كىرىشتىن چەكلەپ قويىدۇ.
لوندوندا، «كۈندىلىك خەۋەرلەر تېلېگراممىسى» ھىتلېر دېگەن بۇ ئاپەتتىن قېچىش مۇمكىنچىلىكى يوقتەك كۆرۈنىدۇ دېگەن پەرىزىنى باسىدۇ. ميۇنخېندا بولسا، داھىغا چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان سپېنگلېر بىلەن ئۇنىڭ سىڭلىسى دېرىزىسىگە كرىست بەلگىلىك بايراق ئېسىۋالىدۇ. ھەمدە ”كىمدە-كىم خەلقنى ئازاپقا قويىدىغان پۇرسەتكە ئىگە بولىدىكەن، بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمىسۇن“ دەيدۇ.

3
ئومۇمى سايلام ئاخىرلىشىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، برۈنىڭ باشقىلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ”SS بىلەنSA  چىلار قانۇنسىز تەشكىلات“ دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. بۇنداق بىر بۇيرۇقنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت، سىياسىي  جەھەتتە تېخى يۇمران ھالەتتىكى باش مىنىستېرنى ۋەيران قىلىش ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى بىرەر نەتىجە بېرىش ئورنىغا ئوڭچىلارنىڭ شىددەتلىك نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەھۋال، كۆڭلىدە سىياسىي غەرەز پۈككەن گېنېرال ۋون شلېيچېرنىڭ ئۇزۇندىن بېرى كۈتۈپ كېلىۋاتقان بىر پۇرسەت ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ناتسىستلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، ئەمما ئۇلارغا ھېچقانداق بىر ھوقۇق بەرمەيدىغان ئوڭچىل ھۆكۈمەتتىن بىرنى قۇرغۇزۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرەتتى. ھەر نېمە دېگەن بىلەن شلېيچېرنىڭ نەزىرىدە ھىتلېر دېگىنى بەرىبىر ئادەتتىكى ئون بېشى ھەمدە بۇرنىدىن يېتىلەپ مېڭىشقا بولىدىغان بىرسىلا ھېسابلىناتتى: بۇ ئادەم، چوڭلار بىر قولىدىن يېتىلەپ ماڭىدىغان بالىدىن باشقا بىرسى ئەمەس دەپ قارايتتى.
شلېيچېر، شۇ يىلى مايدا فۈھرېر بىلەن يوشۇرۇن ئۇچرىشىپ، ئەگەر ھىتلېر يېڭى ئوڭچىلار ھۆكۈمىتىگە قارشى چىقمايدىغانلا بولىدىكەن پارتىيە گۇۋاردىيىسى (SS) بىلەن ھۇجۇمچىلار ئەترىتى (SA) نى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار شۇنداق كىلىشىدۇ. ماينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، شلېيچېر باي ھەم مەدەنىيەت سەۋىيىسى يوقۇرى سالاپەتلىك چەۋەندازلاردىن فرانز ۋون پاپېن دېگەن بىرسىنى قۇرماقچى بولغان ھۆكۈمەتكە سىموۋۇللۇق باش مىنىستىر قىلىپ تاللىۋالىدۇ. پاپېن دېگەن بۇ ئادەم بۇرۇن باش قۇماندانلىق شىتاپ باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ھەمدە پروسىيە شىتاتلىق دېپوتات بىرسى ئىدى. پاپېن بۇ ئىشقا كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك بىر جاۋاب بېرىدۇ: ”مەن ئۆزەمنىڭ بۇ ئىشقا لايىق بولۇپ-بولمايدىغانلىقىمغا پەقەتلا ئىشەنچىم يوق.“ شۇنداقتىمۇ، بىر قانچە مىنۇت چۈشەندۈرۈلۈشتىن كېيىن بۇ ئىشقا مۇۋاپىق بىر نامزات ھالىغا كېلىدۇ. پاپېن نېمە ئىشلار بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى پەرق قىلىپ بولغىچە ئۆزىنى ھىندېنبۇرگنىڭ ئالدا كۆرىدۇ.
”قەدىرلىك پاپېن ئەپەندىم، ياخشى كەپسىز. — دەيدۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى ئاتىلارچە مىھرىبانلىق بىلەن، — سىز چوقۇم بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىۋېلىشىم ئۈچۈن ياردەم قىلالايسىز.“ مارشال، پاپېننىڭ بۇرۇن ئاتلىق ئەسكەرلەر ئوفىتسېرى بولغانلىقىنى، ئىقتىسادىي جەھەتتە باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قالمايدىغان بىرسى ئىكەنلىكىنى، دالالاردا ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن بىر داڭلىق كاۋاللېر ئىكەنلىكىنى،266 دېپلوماتىيە ساھەسىدىمۇ بەزى تەجرىبىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى. شۇنداقتىمۇ ھىندېنبۇرگ، بۇ ئادەمنىڭ ھەربىلەرگە خاس پەزىلىتى بىلەن ئەپەندىلەرچە قىياپىتىنى كۆرۈپ بەكلا خوشال ئىدى. پاپېن يەنە بىر قېتىم، مەن بۇ ئىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان نامزات ھېسابلانمايمەن دەپ تەكرارلايدۇ. بۇ قېتىمقىسىدا، ھىندېنبۇرگ بىر قانچە ئېغىز گەپ بىلەنلا ئۇنى قايىل قىلىدۇ: ”سىز دېگەن بىر ھەربى ئادەمسىز. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەسكەرلىك بۇرچىڭىزنى پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئادا قىلغان بىرىسىز. ۋەتەن چاقىرىق قىلسا، پرۇسىيىلىكنىڭ بېرىدىغان پەقەت بىرلا جاۋابى بولىشى كېرەك: خوپ، بويسۇنىمەن!“
ھىتلېر مېكلېنبېرگتا ھەپتىلىك دەم ئېلىۋاتقان كۈنى گيوبېلس تېلېفون قىلىپ، ھىندېنبۇرگ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سىزنى قوبۇل قىلماقچى دەپ خەۋەر بېرىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئالغان فۈھرېر ئالدىراش پايتەختكە قاراپ ئاتلىنىدۇ. بېرلىنغا بارغىنىدا پرىزدېنت ئۇنىڭغا، پاپېننى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىگەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ (شلېيچېر بىلەن بۇ ھەقتە ئاللىمۇقاچان سۆزلىشىپ قويغاچقا، بۇ خەۋەر ھىتلېرغا يېڭىلىق ھېسابلانمايتتى). مارشال ئۇنىڭدىن پاپېننى قوللاپ-قوللىماسلىقىنى سورايدۇ. ھىتلېر قىسقىلا قىلىپ ”قوللايمەن“ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ قىسقىچە كۆرۈشۈش ئاخىرلىشىدۇ.
شۆبىھسىزكى، شلېيچېر بۇ قارارىنى پۈتۈنلەي گېرمانىيىنىڭ ئۇلۇغۋار مەنپەتى ئۈچۈن دەپ قەتئىي ئىشىنەتتى. ئۇ، برۈنىڭ بەكلا يۇمشاقباش بىرسى بولغاچقا ھىتلېرنى تېزگىنلەپ كېتىشكە كۈچى يەتمەيدۇ دەپ قارايتتى. بەكلا كۆپ ھەربىلەرگە ئوخشاش شلېيچېرمۇ قۇرۇغلۇق ئارمىيە بۇنداق بىر تەلۋىگە تاقابىل تۇرالىشى مۇمكىن بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كۈچلۈك مىللەتچى بىر ئارمىيە قۇرۇپ چىقىشقا بولىدىغانلىقىغا بەكلا ئىشىنەتتى. شۇنداق قىلىپ، شلېيچېر بىرىنچى قەدەملىك نىشانىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ھېساپتا ئىدى. ئەمما، خۇددى ھەر دائىم ماچياۋېللىدىن ئۆتۈپ كېتىش خىيالىدا يۈرگەن كىشىلەرگە ئوخشاش (ماچياۋېللى — 1469~1527-يىللاردىكى ئىتالىيە سىياسەتچىسى، ھىلىمىكىرچى— ھ. ئىزاھاتى)، ئۆزىنى بەكلا ئەقىللىك ھېسابلايتتى. ئەمما بۇ قىلغىنى ئۇنىڭ ئىشلىرىغا پايدا كەلتۈرمەيدۇ. ئۇ، ھىتلېرنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنى قوللايمەن دەپ بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ۋاقىتلىق بىر ۋەدە ئىكەنلىكىنى ئۇزۇن ئۆتمەيلا سېزىدۇ.
ئۇ، ئەگەر پاپېن گېپىدە تۇرۇپ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش، شۇنىڭدەك مىللى سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنى باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەدبىرىنى ئالغىنىدىلا ئۇنى قوللاپ بېرىدىغانلىقىنى، بولمىسا ئۇنى قوللاشقا يېقىن يولىمايدىغانلىقى بىلدۈرىدۇ. پاپېنمۇ ئۇنىڭ دېگىنىدەك ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، ھىتلېر يەنىلا ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللىماي تۇرىۋالىدۇ. ھەتتا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ قايتىدىن كوچىلاردا قىزىللار بىلەن ئۇرۇشۇش ھەرىكىتىنى تەستىقلايدۇ. شۇنداق قىلىپ زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر قايتىدىن پۈتكۈل گېرمانىيەنى قاپلايدۇ. پەقەت 7-ئايدىلا ئۇرۇش-جىدەللەردە 30 نەپىرى قىزىللار، 38 نەپىرى ناتسىستلار بولۇپ جەمئىي 86 كىشى ئۆلىدۇ . ھەر ئىككىلا تەرەپ جىدەل چىقىرىشقا ئۆزىنى ئۇرۇپ يۈرەتتى. تۇمۇز ئىسسىق كۈنلەردە ئۇششاق-چۈششەك ئۇرۇش-جىدەللەر كۈچىيىپ رەسمى بىر ئۇرۇش ھالىنى ئالىدۇ. 10-ئىيۇل كۈنى، يەنى يەكشەنبە كۈنى 18 نەپەر ساقچى ئۆلتۈرۈلىدۇ؛ ئارىدىن 7 كۈن ئۆتۈپ، بىر توپ ناتسىستلار ساقچىلارنىڭ ھىمايىسىدا نامايىش قىلىپ ئالتونا ئىشچىلار ئاھالە رايونىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدا بىنالارنىڭ ئۈستى ۋە پەنجىرىلەردىن قاتىرىسىغا ئوق ئېتىلىپ نامايىشچىلار قوشۇنىنى تارقىتىۋېتىدۇ. نامايىشچىلارمۇ ئوق چىقىرىپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئۇ توقۇنۇشتا 19 نەپەر ئادەم ئۆلۈپ، 285 نەپەر ئادەم ياردار بولغان.
شۇنىڭدىن ئۈچ كۈن كېيىن، پاپېن پرىزدېنتنىڭ جىددى ھالەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، يەنى ۋېيمار ئاساس قانۇنىنىڭ 48-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىددى ھالەت ئېلان قىلىدۇ. بۇ ماددا بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، 1923-يىلقى ئىقتىسادىي بوھران دەۋرىدە ئېبېرتمۇ بۇ قانۇن كۈچىدىن پايدىلىنىپ 8 سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى بىكار قىلغان؛ برۈنىڭمۇ نەچچە قېتىم بۇ ماددىدىن پايدىلىنىپ گېزىتلارنى پېچەتلىگەن ئىدى. شۇڭا پاپېنمۇ پروسىيە ھۆكۈمىتى قىزىللارغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچى يەتمىدى دېگەننى باھانە قىلىپ ئۆزىنى پروسىيە ئىمپىرىيە گوبېرناتورى دەپ ئېلان قىلىدۇ. بۇ دېمەك، بۇ شىتاتنىڭ پارلامېنتى بىلەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى، شۇنىڭدەك ھەر قايسى شىتاتلاردىمۇ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن بۇ ھوقۇقتىن پايدىلىنىش دېگەن بەلگىلىمىدە چىڭ تۇرالىسىلا خەلققە خەلقىگە بىرەر تەسىر كۆرسىتەلمەيتتى.


4
پارلامېنت سايلىىمى ئۈچۈن 31-ئىيۇل كۈنى بېكىتىلىدۇ. بۇ يەنە بىر قېتىملىق ئايلىنىپ يۈرۈپ تەشۋىقات ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش دېگەنلىك ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، بۇ ھىتلېرنى ئىككىنچى قېتىم ”گېرمانىيەنى كۆكتە ئايلىنىپ چىقىشى“ دىن دېرەك بېرەتتى.267 شۇڭا  ھىتلېر يەنە بىر قېتىم ئايروپىلان كىرالاپ يەنە شۇ بۇرۇنقى ليوتچىكى بىلەن ئۇچىدۇ. ئەمەلىيەت، خانس باۋۇر ھەرقانداق بىر ھاۋا شارائىتىدا ئۇچالايدىغان قابىلىيەتلىك بىر ئۇچقۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. يەنى ئۇلار نەچچە قېتىم قار-شىۋرىغانلىق، قاتتىق يامغۇر ياققان ۋە پۈتۈن جاھاننى تۇمان قاپلاپ كەتكەن ئەھۋاللاردىمۇ ئايروپلاننى مەجبۇرى قوندۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرەلىگەن ئىدى. شۇندىن باشلاپ ھىتلېر باشقا بىرسى ھەيدەيدىغان ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇشقا ئۇنىمايدىغان بولىۋالىدۇ. ئۇنىڭ يەنە ئىككىنچى بىر شوپۇرىمۇ بار بولۇپ، ئۇ شوپۇر مەخسۇس ھىتلېرنىڭ ماشىنىسىنىلا ھەيدەيتتى. بۇ شوپۇر 21 ياشلىق ئېرىك كېمپكا دېگەن ياش بىر يىگىت ئىدى. كېمپكا گېرمانىيىنىڭ غەربى ئۇچىدا ھىتلېر ئولتۇرغان ئايروپلاننىڭ قونىشىنى ساقلىسا، يەنە بىر شوپۇرى جولىئۇس شرېك شەرقىدە ساقلاپ تۇراتتى. بۇ قېتىمقى ئومۇمى سايلام رىقابىتىدە بۇ ئىككى شوپۇر جەمئى 50 مىڭ كېلومېتردىن ئارتۇق يول باسقان بولۇپ، بۇ يولنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى توپا يول ئىدى. ھىتلېر كېمپكانى ئۆز تۇغقىنىدەك يېقىن كۆرەتتى. باۋۇرغىمۇ ئوخشاشلا يېقىنلىق كۆرسىتىدۇ. بىر ھەپتىلىك جاپالىق كۈرەشتىن كېيىن ھىتلېر ھەمرالىرى بىلەن بىرگە ۋېيمارغا كېلىپ ئازىراق دەم ئالىدۇ. ھىتلېر بۇ ئارىدا باۋۇرنى يېنىغا ئېلىپ باغچىدا سەيلى قىلغاچ پاراڭلىشىدۇ. بۇ باغچا، ئۇنىڭ چۈشكەن بېلويدېرې مېھمان كۈتۈش سارىيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى بىر باغچا ئىدى. ئۇ باغچىدا قالغان ھەمرالىرىدىن يىراقلاشقاندىن كېيىن باۋۇرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە كۈرەشچى ئايروپلان ليوتچىكى بولغان جەريانىدىكى ئىشلارنى ھىكايە قىلغۇزۇپ ئۇنىڭ بىلەن توپ-توغرا بىر سائەت پاراڭلىشىدۇ. ئاندىن يەرلىك مەسئوللاردىن ساۋكېلغا قالغان كىشىلەرنى بىرلىكتە شەھەرگە باشلاپ بېرىشىنى، شۇنىڭدەك چۈشتىن كېيىن قەھۋە ئىچىش ۋاقتىدا 15 نەپەر قىز چاقىرىپ كېلىپ مېھمانلارغا ھەمرا قىلىشىنى بۇيرۇيدۇ. بۇ چاغدا، ھىتلېرنىڭ بېلويدېرې رېستۇرانتىدا تاماق ييدىغانلىق خەۋىرى تارقىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا، چىرايلىق كىيىنگەن ئاياللار بىر-بىرلەپ رېستۇرانت ئىشىكىدىن ھىتلېرنى كۆرۈش ئۈچۈن ماراشقا باشلايدۇ. ھىتلېر ھاياجانلانغىنىدىن يېنىدا ئولتۇرغان باۋۇرنى نوقۇيدۇ: ”قارىغىنە باۋۇر، ئۇ تەرەپتە تۇرغان كىچىك قىزغا قارا، ئۇ قىز راستىنلا پەرىزاتتەك چىرايلىق قىز ئىكەن!“ باۋۇر فۈھرېرگە ئىچ ئاغرىتىدۇ. ”ئامال قانچە، بىزنىڭ فۈھرېرىمىز قىزلارنى يىراقتىن كۈزىتىشكىلا مەجبۇر، ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىغا يېقىنلىشالمايدۇ“ دەيدۇ. ”شۇنداق دېگىنە باۋۇر“ دەيدۇ ھىتلېرمۇ قىزىقچىلىق قىلغان ھالدا.
شەھەردىن چاقىرتىلغان 15 نەپەر قىزمۇ يېتىپ كېلىدۇ. ئەمما بۇ قىزلار ئۆز ھەمرالىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ھىتلېرغا تىكىلىپ قالىدۇ. ھىتلېر بۇ ھالەتتىن بەكلا ئوڭايسىزلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەممەيلەن بىرلىكتە ”سەنئەتكارلار قەھۋىخانىسى“ غا بارايلى دەپ تەكلىپ قىلىدۇ. كىشىلەر قاتار بولۇپ ماشىنىلارغا چىقىدۇ. فۈھرېردىن باشقىلار ھېچ بولمىغاندا بىرسى بىردىن قىزنى قۇچىقىغا ئېلىشقان ئىدى. ئەمما ئۇزۇنغا قالمايلا بۇ قەھۋىخانىدىكى قىز-ئاياللارمۇ كىلىپ ھىتلېرنىڭ ئەتىراپىغا ئولىشىۋالىدۇ. بىر مەزگىللىك پاتپاراقچىلىقتىن كېيىن ھىتلېر، خانفىستايىنگلغا پىيانو چېلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئەمما ئۇ بىر-ئىككى نوتىنى ئاڭلاپلا ئەتىكى نۇتۇققا تەييارلىق قىلمىسام بولمىغىدەك دەپ سورۇندىن ئايرىلىدۇ.
ھىتلېر، سايلام رىقابىتىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ھەپتىسىدە 50 تەك شەھەردە نۇتۇق سۆزلەيدۇ، ئۇ بارغانلا يېرىدە قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. بىر قېتىمىدا ئۇ، باۋۇر قاراڭغۇلۇقتا قونۇشقا يەر تاللايمەن دەپ بەكلا كۆپ ئاۋارە بولۇپ ۋاقىتنى ئۇزارتىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ىسترالسۇندتا ئون مىڭدەك يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى يامغۇردا نەق 6 سائەت ساقلىتىپ قويىدۇ. مىتىنگ قاتناشقۇچىلىرى ئۇنىڭ نۇتقىغا شۇنچە مەس بولۇپ كېتىشىنىڭ بىر سەۋەبى، ئىقتىسادىي  پالەچلىك پۈتۈن مەملىكەتكە يامىراپ كەتكەنلىكى ئىدى. 11 ياشلىق ئېگون خانفىستايىنگىل ميۇنخېن شەھەر سىرتىدىكى بىر كاتتا چېدىردا ھىتلېرنىڭ خەلق ئاممىسىغا سۆزلىگەن بىر قېتىملىق نۇتقىنى ئاڭلىغان ئىدى. ”ئۇ ئاممىنىڭ پۈتۈن ھېسسىياتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى پات-پاتلا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىتىپ تۇراتتى“ دەيدۇ. ئۇ يەنە نۇتۇق ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا نامراتلارمۇ، بايۋەتچىلەرمۇ بار ئىدى؛ ھەتتا پروفېسسورلار بىلەن ئىشچىلارمۇ بارلىقىنى كۆرىدۇ. نۇتۇقنىڭ دەسلىۋىدە كۆپچىلىك قارشى تەرەپ ئادەملەرنىڭمۇ بۇ مىتىنگە قاتناشقانلىقىنى كۆرۈپ سەل خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئۇزۇنغا قالماي ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر پۈتۈن ھالغا كېلىپ ئەسەبىلەرچە ئالقىش ياڭرىتىپ تەنتەنىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئېگون ئۇ يەردە بىر-بىرسىگە بەك ماس كەلمەي قالغان بىر جۈپ ئەر-خۇتۇننىڭ، يەنى ئۇلارنىڭ بىرسى پروفېسسور، يەنە بىرسى ئايال خىزمەتچىسى، چېدىردىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ”ھەممە ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ۋارقىرىشىپ تەنتەنە قىلىشىۋاتقاىلىقىنى، ھەتتا بايىقى ئىككىسىمۇ ھاياجان ئىچىدە ئۆزئارا قىزغىن سۆزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.268 ئادولف ھىتلېر ئەنە شۇنداق سىھىرلىك كۈچكە ئىگە بىرسى.“ كېيىن ئېگوننى دادىسى يېتىلەپ ”قوڭۇر بىنا“ غا ئېلىپ كېلىدۇ. ”ئەندى شوخلۇق قىلما ئوغلۇم. — دەيدۇ دادىسى، — بىر ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۇپ ئەتراپنى تاماشا قىلغىن.“ ئالاقىچى ماشىنكىدا ئۇرۇپ چىقىرىلغان بىر تىزىق ئارگىنالنى گيوبېلسقا تاپشۇرپ، بۇ ھىتلېر سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ خاتىرىسى، يېڭىراقتا ماشىنكىدا ئۇرۇپ چىقىرىلدى دەيدۇ. فۈھرېر كىشىلەر ئارىسىدىن چىقىپ ئىشخانمىسىدا ئىش ئۈستىلىگە كېلىپ ئولتۇرىدۇ. گيوبېلس ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئېلان قىلىشقا تەييار قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ئارگىنالنى تەھرىرلەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ھىتلېر بىر تەرەپتىن قېرىنداش بىلەن خاتىرە يازسا، بىر تەرەپتىن ئۆز-ئۆزىگە غۇدۇڭشۇپ ’بۇ يېرى ياخشى بوپتۇ، … مانا بۇ گەپلەر ئىنتايىن كۈچلۈك ئىپادىلىنىپتۇ، … بۇنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك …‘ دەيتتى. تېخى بىر سائەت ئاۋاللا ئۆمۈرىدىكى ئەڭ ھېسسىياتلىق نۇتقىدىن بىرنى سۆزلەپ كەلگەن ئىدى. ئۇ نۇتۇقىدا چاقىرىق قىلاتتى، يالۋۇراتتى، ئاچچىغلىناتتى. مانا ئەندى، ئۇ بايىقى قىياپىتىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتۇپ مەن كۆگەن ھەر قانداق بىرسىگە ئوخشاش بەكلا تىنچ، بەكلا مىھرىبان بولۇپ كۆرۈنەتتى دەيدۇ ئېگۇن.
سايلام پائالىيىتى جەريانىدا ھىتلېر يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنى بىرەر ۋەقە ھېسابلىمايتتى. ئۇ، ھەقىقەتەنمۇ يەھۇدىيلارغا ئۆچ ئىدى. بۇ تەرىپى ھەممىگە مەلۇم بىر ئەھۋال. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشقا ئۇنچە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيتتى. يەنى ھىتلېر بۇ مەسىلىنى مەنتىقىلىق بىر سەۋىيە بىلەن چەكلەپ تۇتۇپ بەرسىلا ئۇلارغا يېتەتتى. كۆپ ساندىكى نېمىسلار، ئادۋوكاتلىق قىلىدىغان يەھۇدىيلار بەك كۆپىيىپ كەتتى دەپ ئۆكۈنەتتى. ئۇلار يەنە يەھۇدىيلارنىڭ تۈرلۈك ماللار سودا سارايلىرى بىلەن كۆڭۈل ئېچىش ساھەلىرىنى تېزگىنلىۋالغانلىقىغا قارشى ئىدى. ئۇرۇشتىن كېيىن، يەھۇدىيلار گويا سەل تاشقىنىدەك شەرقتىن ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ يەھۇدىيلار گېرمانىيىگە شەرق يەھۇدىيلىرىنىڭ كىيىم پاسونى بىلەن ئادەتلىرىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېلىشكان ئىدى. كۆپلىگەن گېرمانىيىلىك يەھۇدىيلارمۇ بۇ ھالەتتىن يىرگىنىپ دەرت تۆكۈشەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى نەپىرى، يەنى داڭلىق ئىككى يەھۇدىي بانكىرى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئەمگەك ئىشلار مىنىستىرىدىن شەرق يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنى قوبۇل قىلىشنى توختۇتۇش تەلىۋىدە بولىدۇ. چۇنكى ئۇلار، بۇ يەھۇدىيلار بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن چوقۇم يوشۇرۇن يەھۇدىي دۈشمەنلىكىنى ئولغايتىۋىتىدۇ دەپ قارىشاتتى. يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنى ئاۋال گېرمانىيىلىك، ئاندىن يەھۇدىي دەپ تونۇشاتتى. ئۇلار گېرمانىيە ئىگىلىكى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك زىچ باغلانغان بولغاچقا، مەۋجۇت ئىجتىمائى يەكلىنىشكە چىداشلىق بېرىپ كېتەلەيتتى. ھەر نېمە دېگەن بىلەن، شۇنچە كەڭ قۇرساق دەپ قارىلىۋاتقان ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىدىمۇ يەھۇدىيلار ئەڭ ئىسىل كلۇب ۋە مېھمانخانىلاردىن چەتكە قېقىلىپ قوبۇل قىلىنمايدىغان يەردە گېرمانىيىدىكى يەكلەشلەر نېمىتتى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مىللى سوتسىيالىزمغا بەرداشلىق بېرىۋاتقانلار يەھۇدىيلارلا ئەمەستە! يېقىندا، بىر توپ پەلەستىنلىك رادىكاللارمۇ ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيچىلىققا قارشى ئىكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ناتسىستلار ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان بىر ھەرىكەت، چۇنكى بۇ ھەرىكەت گېرمانىيىنى ئوت بالا ئاپەتلەردىن قۇتقۇزالايدۇ دەپ ئېلانمۇ قىلىشقان ئىدى.
31-ئىيۇلدا (گەرچە ۋيېننادا بىر گېزىت ”ياشىسۇن شكىلگرۇبېر!“ دېگەن تېمىدا چوڭ خەتلىك بىر خەۋەر بېسىپ ھىتلېرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئاشىكارىلىۋەتكەن بولسىمۇ) (1932-يىلىنىڭ باشلىرىدا، ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى دولفۇس ۋيېننا «يەكشەنبىلىك ۋە دۈشەنبىلىك گېزىت» تەھرىرلىرىنى كۈشكۈرتۈپ ھىتلېرنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا ئۈندىگەن ئىدى. ئۇلار ھىتلېرنىڭ ئۆز دادىسىنىڭ بىر نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ھۆججەتنى قولغا چۈشۈرگەن بولغاچقا بۇ خەۋەر ئارقىلىق گېرمانىيىدىكى سايلامغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈمىدىدە يوقۇرقىدەك تېما بىلەن خەۋەر بەرگەن.  — ئا. ھ. ئىزاھاتى)، ناتسىستلار سايلامدا 13 مىليون 702 مىڭ 779 ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ سان ئۇلارغا رەقىپ بولغىدەك كۈچكە ئىگە دەپ قارالغان ئىككى رىقابەتچىسى، يەنى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن كومپارتىيىنىڭ ئېرىشكەن ئاۋاز يىغىندىسىدىنمۇ 500 مىڭ ئارتۇق ئىدى. ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ 37.3 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشكەنلىك غالىبىيىتىدىن روھلانغان ھىتلېر، پارتىيىسىگە ئۆزىنىڭ باش مىنىستىرلىك سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىش تەكلىۋىنى بېرىدۇ.
ئەمما گيۆرىڭ بۇ تەكلىپكە قارشى چىقىدۇ. ستراسسېر بولسا، ھىتلېرنىڭ تەكلىۋى بويىچە ھەرىكەت قىلىنغاندا ئۇنىڭ باشقا ئوڭچىل پارتىيىلەر بىلەن بىرلىشىپ ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزىمەن دەيدىغان سىياسىتى پۈتۈنلەي ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆزلەپ، ھىتلېرنىڭ تەكلىۋىنى قوللىمايدۇ. ئەمما ھىتلېر ھوقۇق ئۈچۈن بەكلا ئالدىراپ كېتىۋاتقاچقا ئۇنى ھەرگىز قايىل قىلغىلى بولمايتتى. شۇڭا، ئۇلار دەرھال بېرلىنغا ئادەم يوللاپ ھىتلېرنىڭ باش مىنىستىرلىك نامزاتى بولۇپ سايلامغا قاتنىشىش تەلىۋىنى شلېيچېرغا يەتكۈزىدۇ.269 ئەمما بۇ گېنېرال، ھىندېنبۇرگ بۇنداق بىر شەرەپنى سابىق ئون بېشى بىرسىگە بېرىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ دەپ ئويلىغىنى ئۈچۈن بۇ گەپكە ئىشەنگىسى كەلمەيدۇ. بۇ گېنېرال ھىتلېرنى بۇنداق ”خام خىيالنىڭ كەينىگە كىرىپ يۈرمەي بۇ پىلاندىن ۋاز كەچسۇن“ دەپ ئويلاپ ھىتلېرنى سۆزلىشىش ئۈچۈن مېكلېنبۇرگقا تەكلىپ قىلىدۇ. 5-ئاۋغۇست كۈنى، بۇ ئىككى ئادەم پايتەخت ئەتراپىدىكى فۈرستېنبېرگ ھەربى گازارمىسىدا ئۇچرىشىدۇ. بۇ كۆرۈشۈشتە ھىتلېر باش مىنىستىر بولۇشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، يەنە قانۇن چىقارتىپ دۆلەتنى باشقۇرۇشقا تولۇق ھوقۇقلۇق دەيدىغا بۇيرۇقتىن بىرنى ئېلان قىلىنىشىنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەلەپ ماھىيەتتە مۇستەبىت ھۈكۈمۈران بولىمەن دېيىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت ھەقىقەتەنمۇ ئۇتۇقلۇق بولىدۇ. ھەتتا ھىتلېرمۇ ھىندېنبۇرگ پىكىرىدىن يېنىپ ئۆزىنى قوللاش مۇمكىنلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. بۇ خوشاللىنارلىق كۈننىڭ قالغان قىسمىدا ھىتلېر تامغا بىر پلاكات مىخلاپ، بۇ قېتىمقى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كۆرۈشۈشنى خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇشنىمۇ تەكلىپ قىلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ھىتلېر كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا ئوبېرسالىزبېرگقا قايتىپ كېلىدۇ. ئەمما گيوبېلس، بىزنىڭ ھوقۇققا ئېرىشەلىشىمىز ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدۇ دەپ ئويلىغاچقا، بۇنداق گەپلەرگە ھىتلېر قىزىققاندەك قىزىقىپ كەتمەيدۇ. گيوبېلس پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەتكە ئاتلىنىش تەرەپتارى بولۇپ، ئۇنداق سىلىق يوللار بىلەن ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىشنى ئويلىمايتتى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ تۈر قىزغىنلىقى ناتسىستلار گۇرۇھىدىكىلەرگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. ”پۈتۈن پارتىيە ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىشقا تەييار. — دەپ يازىدۇ 8-ئاۋغۇست كۈنىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسىگە، — بۇنىڭ ئۈچۈن ھۇجۇمچىلار ئەترىتى ئۆز يەرلىرىنى تاشلاپ يولغا چىقتى.“ 10-ئاۋغۇست كۈنى، ھىندېنبۇرگ يېزىدىكى داچىسىدىن ئايرىلىپ بېرلىنگە قاراپ يولغا چىققان ۋاقتىدا پايتەخت ئاساسەن يېرىم قورشاۋغا ئېلىنغان ھالدا ئىدى. بۇ كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پاپېن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدۇ. ئەمما ھىتلېرنىڭ باش مىنىستېر بولىشى مەسىلىسىدە ھىندېنبۇرگ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ. تۇيۇقسىز كۆتۈرلۈپ چىققان بۇ ئاۋسترىيىلىك، ئۆز ئالدىغا شلېيچېرغا بەرگەن ھەر خىل ۋەدىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، يەنە بىر تەرەپتىن ھىتلېردىمۇ ھۆكۈمەتنى باشقۇرالىغىدەك بىرەر تەجرىبە يوق، ھەتتا ئۆزىنىڭ پارتىيىسى ئىچىدىكى مىڭىسى قىزىپ كەتكەن ئۇنسۇرلارنىمۇ تېزگىنلىيەلمەي يۈرمەكتە دېگەن گەپلەر ئۇنى قايمۇقتۇرۇپلا قويىدۇ. شۇڭا پرىزدېنت ھىندېنبۇرگ، ھىتلېرنى يىغىنغا تەكلىپ قىلىشنىمۇ رەت قىلىپتۇ دېگەن گەپلەر تارقىلىدۇ.
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، يەنى 13-ئاۋغۇست كۈنى، ھىتلېر بېرلىن باش شىتابى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان كايزېرخوف مېھمانسارىيىغا چۈشىدۇ. مېھمان كۈتۈش سالونىدىكى تېلېفونلار كۈن بۇيى تىنماي جىرىڭلاپ بۇ يەرنى خۇددى بىر جەڭ مەيدانى قۇماندانلىق شىتابىدەك ھالغا كەلتۈرىۋېتىدۇ. مېھمان كۈتۈشنىڭ ئايلانما ئىشىكى كىرگەن-چىققانلارنىڭ كۆپلىكىدىن تىنماي چۆگىلەيتتى. مېھمانساراينىڭ كۈتىۋېلىش زالىمۇ قاينىغان قازاندەك مىغىلداپ كەتكەن ئىدى. ئاساسلىق بىنادا فۈھرېرنىڭ كونۋىيى بىلەن ياردەمچىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان جىددى ھالەت ئىشخانىسىدا خەت ماشىنكىلىرى تىنماي تاراخشىپ ئىشلىمەكتە ئىدى. يەرلىك ۋە چەتئەل گېزىت ۋاكالەتچىلىرى ھىتلېرنىڭ بىرىنچى ئاخبارات باياناتچىسى بولغان ئوتتو دىترىخ ۋە خانفىستايىنگىلنىڭ ئەتراپىنى زىچ ئورىۋالغان بولۇپ، قىزىق خەۋەر ھالىغا كەلگەن ھىتلېر دېگەن بۇ ئادەمنىڭ سۆھبەت ئېلان قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرىشاتتى.
ھىتلېر، چۈش ۋاقتىدا شلېيچېر بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ گېنېرال ئۇنىڭغا، ھىندېنبۇرگ سېنى ئورۇنباسار باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىنىشىڭنىلا تەستىقلىشى مۇمكىن دەيدۇ. ھىتلېر قاتتىق ئاچچىغلىنىپ شلېيچېرنى گېپىڭدە تۇرمىدىڭ دەپ كايىپ كېتىدۇ. ئاندىن ئاچچىقىنى بېسىۋالالماي ئورنىدىن سەكرىگىنىچە تۇرۇپ غۇيۇلداپ چىقىپ كېتىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن، پاپېننىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ ھۆكۈمەت كونا تۈزۈمگە يول قويدى دەپ ئۇنى ئەيىپلەپ كېتىدۇ. پاپېن، ھىتلېرنىڭ بۇ خىل ھە دىسىلا كىشىگە ۋارقىراپ-جارقىراپ ئەيىپلەپ كېتىشىگە قاراپ ھەيران قالىدۇ. ”پىرىزدېنتىمىز سېنى باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەش نىيىتى يوق. — دەيدۇ پاپېن، — بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ سېنى تېخى تولۇق تونۇپ كېتەلمىگەنلىكىدە.“ ئەمما ھىتلېر ھەرگىزمۇ پارچە نانغا ماقۇل دەيدىغان بىرسى ئەمەس ئىدى. ھىتلېر ئۇنىڭغا، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ماركسىزمچىلار پارتىيىسىنى يوقۇتۇشقا تىرىشماقچىمەن. ئەمما مەن تولۇق ھوقۇققا ئېرىشىپ ئۆز ئۇسۇلۇم بۇيىچە ھەرىكەت قىلالمىسام، بۇ مەقسىدىمنى ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمايمەن دەيدۇ. ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر قان تۆكۈلۈشتىن ھەرگىزمۇ ساقلىنالمايدۇ. بۇ تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغان ساۋىقى. مۇسسولىن رىمغا يۈرۈش قىلغان ۋاقتىدا ئىتالىيە پادىشاھى ئۇنىڭغا باش مىنىستىر ئورۇنباسارلىقىنى تەكلىپ قىلمىغانمىدى؟270
ھىتلېر غەزەپلەنگەن ھالدا باش مىنىستىرلىك بىناسىدىن چىقىپ ئۇدۇل گيوبېلس تۇرغان يەرگە كېلىدۇ. ئۇ يەردە، قاتتىق غەزەپلىنىپ غۇدۇرىغىنىچە ئۈمىدسىز بىر شەكىلدە ھىندېنبۇرگنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كۈتىدۇ. ئاخىرى، چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەردە پاپېننىڭ ئىچكى ئىشلار كاتىۋىدىن تېلېفون كېلىدۇ. ھىتلېر پەقەت بىرلا ئىشنى سورايدۇ: ھىندېنبۇرگ مېنى باش مىنىستىر قىلامدىكەن-قىلمامدىكەن؟ كاتىپ ئۇنىڭغا ھىندېنبۇرگنىڭ ساڭا دەيدىغان گېپى بار ئوخشايدۇ دېگەن گەپنىلا قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىش پىرىزدېنت مەھكىمىسىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا بەكلا ئاددى ئەمما رەسمى تۈردە ئۆتىدۇ. ھىندېنبۇرگ ھىتلېردەك بۇنداق بىرسىنى شۇنچە مۇھىم بىر ۋەزىپىگە تەيىنلىمەسلىككە قارار قىلغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ پاپېن بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىشىگە قارشى ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ”شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىپىنى قاندۇرماقچى“ بولىدۇ. ھىندېنبۇرگ ئېھتىيات بىلەن مىللى سوتسىيالىزم پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھىتلېرمۇ خۇددى شۇنداق ئەدەپ بىلەن جاۋاب بېرىپ بۇنىڭدىن قىلچە گۇمانىم يوق، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، مەن يېڭى كابېنت تەشكىل قىلىشنى قەتئى تەلەپ قىلىمەن، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرلىكىنى شەخسەن ئۆزەم ئۈستۈمگە ئېلىشىم شەرت دەيدۇ.
”بۇ مۇمكىن ئەمەس! — دەيدۇ ھىندېنبۇرگ ۋارقىراپ، — مەيلى تەڭرى ئالدىدا ياكى ۋىژدانىم ۋە ۋەتەن ئالدىدا بولسۇن ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن ھوقۇقلىرىنى بىر پارتىيىگە تۇتقۇزۇپ قويۇشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەرگىزمۇ ئۈستۈمگە ئالالمايمەن.“ ھىتلېر باشقا ئامال يوقلىقىنى ئېيتىپ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ”ئۇنداقتا سەن ئۆكتىچى سەپتە تۇرماقچىمۇ؟“ سورايدۇ پرىزدېنت. ”باشقا ئامال يوق“ دەپ جاۋاب بېرىدۇ فۈھرېر.
ھىندېنبۇرگ ھېسسىياتىنى تۇتىۋالالمىغان ھالدا، ناتسىستلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرسىدا يېقىنقى كۈنلەردە سۈركۈلۈش يۈز بەرگەنلىكىدىن بەكلا كۆڭۈلسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يوقۇرقىدەك قارارغا كېلىشىمدە بۇ ۋەقە مېنى تېخىمۇ بەك ئويلاندۇرۇپ قويغانلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەت. يەنى دېمەكچىمەنكى، مىللى سوتسىيالىزم پارتىيىسى ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنى تېزگىنلەش ئاسان ئەمەستەك قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن سېنى يەنىلا بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىۋىدە كۆرۈشنى خالىدىم دەيدۇ. ئاندىن يەنە ھىتلېرنى بىر ئاز ئۇچۇغدايدۇ. بۇ ئەسلىدە بىر مارشالنىڭ سابىق ئون بېشىدىن بىرسىنى تەنقىتلىگىنىدەكلا بىر ئىش ئىدى. ”مەن شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭنى تەلەپ قىلىمەنكى، بىر ئۆكتىچى بولۇشىڭ ئۈچۈن چوقۇم مەرت بولىشىڭ كېرەك، ئۇنۇتمىغىنكى، سەن ۋەتەن ئۈچۈن مەسئولىيەتنى ئۈستۈڭگە ئالغان بىرىسەن. ۋەتەنپەرۋەر بىرى سەن. بۇنىڭدىن قىلچە گۇمان قىلمايمەن. شۇنداقتىمۇ، ئەگەر ھۇجۇمچىلار ئەترىتى بۇرۇن قىلغىنىدەك قايتىدىن تېررورلۇق ياكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللىنىدىكەن، ئۇ ھالدا مەنمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇرمەن.“
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى خېلىلا قاتتىق گەپلەر بولسىمۇ، ئاخىرىدا ئوتتۇرلۇقنى بىر ئاز بولسىمۇ يۇمشىتىش مەقسىتىدە قوشۇپ قويىدۇ: ”بىز ئىككىمىزلا پىشقەدەم ھەربىيلەرمىز. شۇڭا ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىش قىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ تۇتقان يولىمىز چوقۇم ئورتاق نوقتىغا ئىگە دەپ قارايمەن. شۇنداق بولغاچقا، مەنمۇ ساڭا سەپداشلىق قولۇمنى ئۇزارتماقچىمەن.“ پىشقەدەم مارشالنىڭ بۇ دېگەنلىرى ھىتلېرنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن بولسىمۇ، كىتابخانىدىن چىقىپلا ئاچچىقىنى پاپېندىن ئالىدۇ: بۈگۈنكىدەك نۇمۇسقا قېلىشىمغا پۈتۈنلەي سىز سەۋەپچى بولدىڭىز، بۇنىڭ ئاقىۋېتى بەلكىم پرىزدېنتنىڭ ئاغدۇرۇلىشىغا سەۋەپ بولىشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا مەن بۇندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ھەر قانداق بىر ئىشقا قەتئىي مەسئۇل ئەمەسمەن.
ھىتلېر، گيوبېلس تۇرغان يەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خانفىستايىنگىل ئۇنىڭ ”چىرايى تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئۇزۇنغىچە سەپراسى قايتمىغان“ لىقىنى ئېيتىدۇ. قىزىق يېرى، بىر ئازدىن كېيىن ھىتلېر تۇيۇقسىزلا قايتا روھلىنىپ، ئورۇنباسار باش مىنىستىرلىقنى قوبۇل قىلىش كېرەكمۇ قانداق دەپ بۇ ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى دەڭسەشكە باشلايدۇ. ”مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، پاپېن بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنىڭمۇ بىرەر يامىنى يوق. بۇنى قىياس قىلدىم. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇمۇ بىر ئەسكەر بولغان ئادەم. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بەكلا دۆت ئىكەن. — ئۇ سەل ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن، — قارىغاندا پاپېن راستىنلا ماڭا بىر يولداش بولالىشى مۇمكىندەكمۇ كۆرۈنىدۇ.271 شۇنى ئۇنۇتمايلى، ئەگەر ئۇ باش مىنىستىرلىكتە ئايالى بىلەن قولتۇقلاشقىنىچە قالغان ئۆمرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشنىلا ئويلاپ ھوقۇقنى راستىنلا ماڭا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بولسا، مۇئاۋىن باش مىنىستىر بولۇشىمنىڭ باش مىنىستىرلىك بىلەن نېمە پەرقى؟“ كوچىلاردا گېزىتچى بالىلار ۋارقىرىغىنىچە گېزىت تېمىسىنى خەۋەر قىلىپ گېزىت سېتىشقا كىرىشىدۇ: «قورقۇنۇشلۇق تەنقىت، ھىتلېر دەككىسىنى يېدى: ھىتلېر ئىمپىرىيە پىرىزدىنتىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىدى» گېزىتلاردا ھىتلېرنىڭ بارلىق ھوقۇقنى تەلەپ قىلغانلىقى يېزىلغان بولۇپ، بۇ گەپلەر كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئاخباراتقا ئاساسەن يېزىلغان خەۋەر ئىدى. بۇ ئاخباراتنىڭ شۇنچە تېز ئېلان قىلىنىشى چوقۇم ئالدىن تەييارلىقى بار بىر ئىش بولىشىدا شەك يوق. بۇ ئىشتىن ھىتلېر قاتتىق خاپا بولىدۇ. ئۇ، ھىندېنبۇرگنىڭ تەنقىتلىرىنى پۈتۈنلەي بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ. ھىتلېر، ھەربىيلەر  بىلەن سىياسەتچىلەر ”مېنى ئاخماق قىلىشتى“ دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭغا دۈشمەن بولغان قايسى بىر ئەدەبى ئاخبارات يازغۇچىسى بۇ گەپلەرگە قوشۇلىدۇ. ”مىللى سوتسىيالىزم پارتىيىسىدىكىلەر ھاكىمىيەت بوسۇغۇسىدا. — دەپ يازىدۇ رۇدولف ئولدېن، — ئۇلار سىياسىي  كىلىشىش سۆھبىتىگە قاتناشقان بولسىمۇ كۆزگە ئىلىنمىدى، ھەمدە تەڭ باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشەلمەي يەنە بىر قېتىم بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈلدى، قارىغاندا ئۇلار يەنە بىر قېتىم مەغلوپ بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ غەزەپلىنىشىنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ، ئۇلار ھەقلىق ئىدى. گەرچە نۇرغۇنلىغان ئىشىكلەر ئۇلار ئۈچۈن چوڭ ئېچىق، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ’سالاھىيەتلىك كىشىلەر‘ تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنمىدى. بۇ ’ھۆرمەتلىك جاناپلار‘، ئۇلاردىن پايدىلىنىشنى خالىماي ئۇلارنى ئاخماق قىلىشقىلا ئۇرۇنماقتا.“
پاپېننىڭ ئاخباراتىدىن شلېيچېرمۇ ھاڭ-تاڭ قالىدۇ. چۇنكى ئۇ، ئەڭ ياخشى چارنىڭ ناتسىستلارنى ھۆكۈمەتكە قاتناشتۇرۇش ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. ئۇ دەرھال فۈھرېرگە گەپ ئىۋەرتىپ كېلىشىش پۇرسىتىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ھىتلېر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچۇرۇشۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما ھىتلېر بۇ تەلەپنى قەتئى رەت قىلىدۇ. ئۆزىگە بەكلا ئىشەنگەن بۇ گېنېرال رەت قىلىنغانلىقىدىن قاتتىق ھەيران قالىدۇ. شۇ كۈنى ئاخشىمى، بىر دوستى بۇ گېنرالنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى، بەكلا چېچىلىپ كەتكەنلىكىنى، گېپىنىڭمۇ قولاشماي قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. ئۇنىڭ دېگىنىنى ئاخىرى چۈشەنگەندەك قىلىدۇ: ”ھىتلېر مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغانلىقى بىر مەنىدە ياخشى بولدى. دېگەندەك، دۆلەت ھوقۇقىنى ئادولف ھىتلېرغا تۇتقۇزغىلى بولمايتتى“ دەيدۇ.
شەھەردىكى بارلىق ئېس-ئاچىلار خېلىدىن بېرى چىشىنى چىشلەپ ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ تۇراتتى. شۇنىڭغا قارىماي پارتىيە ئۇلارنى ھەرىكەتكە ئاتلىنىشىغا يول قويماي ئۆز ئورنىدىن قىمىرمۇ قىلدۇرمىغان ئىدىۇ. مانا ئەندى ئۇلارنىڭ چىداشلىق بەرگۈچىلىكى قالماي دەرھال ھەرىكەتكە ئاتلىنايلى دەپ غەلۋە قىلىشقا كىرىشىدۇ. بۇ چاغدا ھىتلېر دەرھال ھۇشىنى يىغىۋېلىپ ئېغىر بېسىق ھالغا كېلىدۇ. ئۇ ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنىڭ كوماندىرلىرىنى گيوبېلسنىڭ تۇرغان يېرىگە چاقىرتىپ، ھازىر ھوقۇق تارتىۋالىدىغان پەيت ئەمەس، بۇنداق بىر ئەھۋالدا قوزغىلاڭ قىلىدىكەنمىز ئاقىۋىتى چوقۇم ئېغىر ۋەيران بولۇش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ دەپ ئۇلارنى قايىل قىلغانلىقى مەلۇم. كوماندىرلار گەرچە ھىتلېرنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بۇ سەۋەپتىن ھىتلېرنىڭ ئابرويىغىمۇ بەلگىلىك داغ چۈشكەن ئىدى. بارلىق قىسىملار ئىككى ھەپتىلىك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
شۇكۈنى قاراڭغۇ چۈشكەندە، ھىتلېر جەنۇپقا قاراپ يولغا چىقىپ سالىزبۇرگقا قايتىپ كېتىدۇ. شرېك قاراڭغۇلۇقتا ئەگرى-توقاي يوللاردا يول تېپىپ ئىلگىرلەيدۇ. ھىتلېر ئۈنىنىمۇ چىقارماي بېشىنى چۆكۈرۈپ ئولتۇرىدۇ. كېيىن، خانفىستايىنگىل ئۇنىڭ ئۆزىچە بىر نېمىلەر دەپ غۇدۇڭشىغىنىنى ئاڭلاپ قالىدۇ: ”قېنى قاراپ باقايلى، بەلكىم بۇنداق بولغىنى تېخىمۇ ياخشىدۇر.“ ”ئۇنىڭ مۈگىدەش ئىچىدە تەغدىرگە تەن بېرىپ غۇدۇڭشۇشلىرى، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىكار بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى.“ فۈھرېر ھەر نېمە دېگەن بىلەن قول ئاستىدىكى كىشىلىرىگە قارىغاندا ئەقىللىق ۋە ئۆزىنى بېسىۋالايدىغان بىرسى ئىدى. شۇڭا ئۇ پات-پاتلا ”بىز ئۆزىمىز باشلىغان ئىشنى پەقەت ئۆزىمىزلا پۈتتۈرەلىشىمىز مۇمكىن، … مەن بىرەر قورغان ئىچىدە قورشاۋغا ئېلىنىشقا رازىمەنكى، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئەسىر بولۇپ قېلىشنى خالىمايمەن. … بۇندىن كېيىن بىزمۇ ئىش دېگەننى مانا مۇنداق قىلىش كېرەك دىيەلەيدىغان بولىمىز“ دېگەندەك گەپلەر بىلەن قول ئاستىدىكىلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇنىڭ يەنە بىر سەۋىبى، باشقىلار بۈگۈننىلا كۆزدە تۇتقان بولسا، ھىتلېر يىراقنى كۆزلىيەلەيدىغان بىرسى بولشىدىن كۆرۈشىمىز مۇمكىن.272 ھىندېنبۇرگنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىۋالماقچى بولۇپ بىر قېتىملىق دوغا چىققان بولسىمۇ، يېڭىلگەن ئىدى. ئەمما ئۇ، تەغدىرىنىڭ ئۇنى بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىشى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنەتتى.

5
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتمەيلا ھىتلېر بۇ ئوڭۇشسىزلىقتىن ئۆزىنى ئوڭشاپ قايتا ئەسلىگە كېلىدۇ. ھەتتا بۇ قېتىم تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ئەمما بۇ كرىزىس پەيتىدە بېرچتېسگادېندا ھىتلېرنى كۆرگەن ھەر قانداق بىرسى ئۇنداق قارىمايتتى. بۇلاردىن بىرسى جۋاچىم ۋون رىببېنتروپ دېگەن كىشى ئىدى. رىبېنتروپ، پاپېننىڭ دوستى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىدىكى مەقسىدى، ئەسلىدە باش مىنىستىر بىلەن فۈھرېر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تۈزەش ئىدى. ئەمما ئۇ بېرچتېسگادېنغا كېلىپ بىرەر سائەتمۇ ئۆتمەي ھىتلېرنىڭ سادىق مورتىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ”ئۇ چاغدا ھەقىقەتەنمۇ مۇزاكىرە قىلىش ياكى كىلىشىم قىلىش ئىمكانىيىتى قالمىغان ئىدى. — دەيدۇ رىبېنتروپ كېيىنچە شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ، — ئۇ، نەق مەيداندا بولغانلارنىڭ ھەممىسى ماقۇللايدىغان سۆزلەر بىلەن مەسىلىنى پاكىتلار بىلەن بايان قىلىپ چىققان ئىدى. ئۇ ھېچكىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان مۇستەقىل پىكىرلىك بىرسى ئىدى. ھەرگىزمۇ سۇلھى-سالا قىلىشنى خالىمايتتى.“  ياراشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن رىبېنتروپ، بۇ يەردىن ئايرىلغىنىدا پەقەت ھىتلېرلا گېرمانىيىنى كوممۇنىزمدىن قۇتۇلدۇرالايدۇ دەپ قەتئى ئىشەنچكە كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇزۇنغا قالماي ئۇمۇ ناتسىستلار پارتىيىسىگە ئەزا بولىدۇ.
شۇندىن بىر قانچە كۈن كېيىن، يەنى 17-ئاۋغۇست كۈنى، بىر نەچچە ئامېرىكىلىق مۇخبېر ھىتلېر بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىدۇ. پىلان بويىچە لويىس لوچنېر، ھ. ۋ. كالتېنبورن ۋە كاھل ۋون ۋىگاند ئۈچىسى بىرلىكتە فۈھرېرنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ ھېرست مەتبۇئاتىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولغان ۋىگاند ئۆزى ئايرىم زىيارەت قىلىش تەلىپىنى قويۇپ تۇرىۋالىدۇ. 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋىگاند قاتتىق خاپا ھالدا چۈشكەن مېھمان سارىيىغا، يەنى ۋاسىنفېرد بىناسىنىڭ يېقىنىدىكى مېھمان سارايغا قايتىپ كېلىدۇ. ”بۇ ئەبلەخ ھەرگىزمۇ تۈزەلمىگىدەك. — دەيدۇ قالغان ئىككى ھەمرايىغا، — مەن ئۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم كۆرۈشكىنىمدە ئاۋالقىسىدىنمۇ بەتتەر بولۇپ ئۆزگىرىۋالغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھېچ قانداق گەپ ئالالمىدىم. سەن ئۇنىڭغا بىر سۇئال قويدۇڭمۇ-بولدى، ئۇ تىنماي چالۋاقاپ نۇتۇق سۆزلەپ كېتىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارىتىم ھەقىقەتەنمۇ ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس“ دەپ قايناپ كېتىدۇ.
كالتېنبورن بىلەن لوچنېر ئىككىسى كورىدوردىن ئىشىككە قاراپ كېتىۋاتقىنىدا ئىشىكتىن كىرىۋاتقان ھىتلېر بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالىدۇ. كالتېنبورن دەرھال كىشىنى بەكلا بىزار قىلىدىغان سۇئالدىن بىرنى سورايدۇ: ”يەھۇدىيلارغا دۈشمەن كۆزى بىلەن قارايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. سىزدىن سورايدىغىنىم، سىز گېرمانىيىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن باشقا دۆلەتلەردىن كۆچۈپ كەلگەن يەھۇدىيلارنى پەرىقلەندۈرۈپ قارامسىز؟“
ھىتلېرنىڭ چاقناپ تۇرغان ئۆتكۈر كۆزلىرى گويا كالتېنبورننىڭ كۆڭلىدىكىنى كۆرۈپ تۇرغاندەكلا ئىدى. ”بىز گېرمانىيىنىڭ مونروي نەزەرىيىسىگە ئىشىنىمىز. — دەيدۇ ھىتلېر ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ، — سىز كەلگۈسى كۆچمەنلەرنى ھېساپقا ئالمىدىڭىز، يەنى سىلەر قوبۇل قىلمىغان كۆچمەنلەرنى ھېساپقا ئالمىدىڭلار. سىلەر كۆچمەن سانىنى بەلگىلىك بىر ساندا چەكلەپ تۇتۇشنى خالايسىلەر. سىلەر كۆچمەنلەرگە بەلگىلىك سالامەتلىك چەكلىمىسى بولىشى كېرەك دەپ چىڭ تۇرىسىلەر“ دەيدۇ. گېرمانىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ غىمىنى قىلغىدەك ھالى يوقلىقىنى، گېرمانىيىدىكى دۆلەتكە قارشى ئۇنسۇرلارغىلا دىققەت قىلىمىز دەپ كېلىپ، ”بىز دۆلىتىمىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇل بويىچىلا ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى بەلگىلەيمىز“ دەيدۇ.
لوچنېر گەپنىڭ تېمىسىنى نۆۋەتتىكى سىياسىي  ۋەزىيەت ئۈستىگە بۇرايدۇ: ھىتلېر ئەپەندىم، سىز راستىنلا ھىندېنبۇرگدىن تەلەپ قىلغان موسسولىن ھاكىمىيىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان كۈچىگە ئىگە مىللى سوتسىيالىزم ھاكىمىيىتى قۇرۇش تەلىۋىدە بولامسىز؟ دەپ سۇئال قويىدۇ. ھىتلېر بۇنداق بىر سودىلىشىش تەلىپىدە بولغانلىقىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ، ئەمما كەينىدىنلا قەتئى قىلىپ ”پۈتۈن ھوقۇققا ئېرىشىش ھەققىمنى تەلەپ قىلىمەن“ دەيدۇ. ئۇنىڭ دۇدۇقلىغان ھالدا دېگەنلىرى گويا ھوقۇقنى قولىغا ئېلىپ بولغان بىرسىدەك، شۇنىڭدەك گېرمانىيەدە تىكلىنىدىغان ھۆكۈمرانلىقنىڭ شەكلى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، بۇنداق ھاكىمىيەت قەتئىي تۈردە بىر تۈرلۈك مۇستەبىتلىك ئاساسىدا قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت بولىشى كېرەك.273 پارلامېنت تۈزۈمى ھەرگىزمۇ ياۋروپا قۇرۇقلىقىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس، بۇنداق بىر تۈزۈم ياۋروپانىڭ ئەنئەنىسىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ”شۇنداقتىمۇ بىز ھاكىمىيەتنى قوپاللىق بىلەن بىرەر مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە ئالماشتۇرۇش تەرىپىدىمۇ ئەمەسمىز.“ ھۆكۈمەت چوقۇم خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك. ”ئۇلى يوق قۇپ-قۇرۇق ھاكىمىيەت قۇرۇشنىڭمۇ ئىمكانىيىتى يوقتە! ئەگەر بىر ھاكىمىيەت خەلقتىن كۈچ-قۇۋۋەت ئالالمىسا، ئۇنداق بىر دۆلەت چەتتىن كىرگەن بىرەر كرىزىسقا دۈچ كەلگەندە مەغلوبىيەتتىن ھەرگىزمۇ قۇتۇلالمايدۇ.“
يېڭى پارلامېنتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىم كۈنىسى مىللى سوستسىيالىزم پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى ئىنتايىن رەتلىك ۋە ئەدەپلىك ئولتۇرۇشىدۇ. ئۆكتىچىلەر سۆزگە چىققىنىدا ئۇلار جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلايتتى. پارلامېنت مەسئۇلىنى سايلاش ۋاقتىدىمۇ مۇخالىپ تەرەپتارلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى ئۈلگىلىك ئىش-ھەرىكەتلىرى ئاخىرى مىۋىسىنى بېرىدۇ. مەركىزى پارتىيىنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە گيۆرىڭ پارلامېنت باشلىقى بولۇپ سايلىنىدۇ. پارلامېنت زالىدا كىشىلەر تىنچ ۋە مەسىلە ھەل قىلىش تەرەپتارى بولۇپ بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزىدۇ. گېرمانىيىنىڭ سىياسىي  ۋەزىيىتى ئاخىرقى ھېساپتا خېلىلا مۇقىم ھالغا كەلگەن ئىدى. بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ ئادولف ھىتلېرغا ئاپرىن ئوقۇماي بولمايتتى. ئەمما ئارىدىن بىرەر ھەپتە ئۆتمەيلا ھىتلېر تۇيۇقسىز يولىنى ئۆزگەرتىدۇ. روشەنكى، ئۇنىڭ قېنى قايتىدىن قىزىشقا باشلىغان ئىدى. كومپارتىيىلىكلەر پاپېن كابېنتىغا ئىشەنمەسلىك تەكلىبىنى بېرىدۇ. ھىتلېر، ناتسىست ۋەكىللىرىدىن بۇ ئىشقا قارشى چىقماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى يىغىن بەس-بەستە ۋارقىراپ-جارقىرىشىشلار بىلەن ئۆتىدۇ. پاپېن، دەرھال يىغىن زالىدىن ئايرىلىپ ھىندېنبۇرگدىن پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ھۈججىتىگە قول قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ زالغا قايتىپ كىرگىنىدە پارلامېنت رەئىسى گيۆرىڭ ئۇنى كۆرمىگەن بولىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن پاپېن قاتتىق خاپا بولۇپ قولىدىكى ھۆججەتنى رەئىسنىڭ ئالدىغا چۆرۈپ تاشلايدۇ. گيۆرىڭ بۇنىمۇ كۆرمىگەن بولۇپ ھۆكۈمەتنى تەستىقلاش ئۈچۈن ئاۋاز بېرىش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئاۋاز نەتىجىسىدە پاپېننىڭ پۈتۈنلەي مەغلوپ بولغانلىقى ئوتتۇرغا چىقىدۇ: ئۇنىڭ قۇرغان ھۆكۈمىتى 512 ئاۋازغا قارشى ئارانلا 42 ئاۋازغا ئېرىشىپ پارلامېنتتا تەستىقلانمايدۇ.
كۈتۈلمىگەن سىياسىي ئۆزگىرىشتىن غالىب چىققان ھىتلېر خوشاللىقىدىن تېرىسىگە پاتماي قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ تولۇق ئىشەنچ بىلەن قايتا ئومۇمى سايلامغا تەييارلىنىش پىلانىنى تۈزۈشكە تۇتۇش قىلىدۇ. ھىتلېر بۇ سەھنىدە يەنە بىر قېتىم ئىككى يۈزلىمىلىك ئويۇن ئوينايدۇ. بۇ قېتىمقى سىھىرۋازلىق ئويۇنىنى نەق مەيداندا كۈزىتىپ تۇرغانلاردىن بىرسى، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىدىن بولغان ئاۋسترو-ۋېنگر ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شاھزادىسى ئىدى. بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئوچۇق مەيدان مىتىنگىدە، ئوتتو ۋون ھابىسبۇرگ ئىزچىل تۈردە ھىتلېرگە ھاقارەت ياغدۇرۇپ كېلىۋاتقان كومپارتىيىلىكلەر بىلەن بىرلىكتە كىشىلەر توپىنىڭ بىر چېتىدا قاراپ تۇراتتى. ھىتلېر سەھنىدە پەيدا بولىدۇ. ئۇ نۇتقىنى باشلىماي تۇرۇپلا ئۆزىنى ھاقارەتلەپ يۈرگەن بايىقى كىشىلەرگە كۆزى چۈشىدۇ-دە، ”گېپىنىڭ بېشىدىلا تىغ ئۇچىنى ئۇلارغا قارىتىدۇ. ئۇنىڭدا ھەقىقەتەنمۇ بىر تۈر جەلىپ قىلارلىق تالانت كۈچى يوشۇرۇنغان ئىدى.“ ئۇنىڭ نۇتقى ئاخىرلىشاي دېگەندە، ئەتراپىدىكى كومپارتىيىلىكلەرنىڭمۇ بىرگە قوشۇلۇپ ھىتلېرنى ھىمايە قىلىپ تەنتەنە قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ياش ھابىسبۇرگ قاتتىق ھەيران قالىدۇ.
گەرچە ھىتلېردا ئاممىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدىغان تالانت كۈچى باردەك قىلسىمۇ ئۇنىڭ سايلام رىقابەت پائالىيەتلىرىنىڭ سۈرئىتى دېگەندەك تىز ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ بىر سەۋەبى، پارتىيىنىڭ مالىيە ۋە ئادەم كۈچى ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەي كېلىۋاتقان بولۇپ، رەسمى ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا كېلىپ قالغان دېيىشكىمۇ بولاتتى. گويا ئاخىرى چىقماس سايلاملار نېمىسلارنىڭ قىزغىنلىقىنى چوڭقۇر ھاڭغا پاتۇرىۋەتكەندەك يوقۇلۇپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. گيوبېلسنىڭمۇ بۇرۇنقى سايلام كۈنلىرىدىكىدەك ئۇنداق قىزغىنلىقنى قايتا پەيدا قىلالىغىدەك كۈچى قالمىغان بولۇپ، چوڭ-كىچىك مىتىنگلارغا قاتنىشىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ كۈنسايىن ئازىيىپ كېتىۋااتتى. سپېنگىلېرنىلا مىسالغا ئالساق، بۇ ئاخىرى چىقماس سايلام پائالىيەتلىرى ئۇنى بەكلا تىرىكتۈرىۋەتكەن ئىدى. بۇرۇن ھىتلېرغا ئاز-تۇلا ئىشىنىپ ئۇنى قوللاپ كەلگەن بولسا، مانا ئەندى ئۇمۇ مازاق قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى. شۇ يىلى كۈزدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: گېرمانىيىدە ھەقىقى كايزەر يوق ئىكەن. ئەمما ئىسمى جىسمىغا لايىق فۈھرېرمۇ قورقماي ۋارقىراپ يۈرىدىغان بىرسى ئەمەس بەلكى قەھرىمان بىرى بولىشى شەرت.
ھىتلېر سايلام ھەرىكىتىگە پۈتۈن زىھنى بىلەن كىرىشىپ كەتكەن بۇ كۈنلەردە، ئۇنىڭ بېشىغا يەنە بىر قېتىم بەخىتسىزلىك كېلىدۇ. 1-نويابىر كۈنى، نەچچە ئايدىن بېرى ئىزچىل تۈردە ھىتلېرغا ئاشنا بولۇپ يۈرگەن ئېۋا براۋنمۇ خۇددى گېلى راۋبالغا ئوخشاش تاپانچا بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋالىدۇ.274 ئېۋا ئۇنى ئەسەبىلەرچە ياخشى كۆرەتتى. ئەمما ھىتلېر بولسا سايلام ئالدىراشچىلىقىدا ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇشقا پەقەتلا ۋاقىت چىقىرالماي يۈرەتتى. ھىتلېر بۇرۇن ئېۋاغا ئارىلاپ قىسقا خەتلەرنى ئىۋەرتىپ تۇرغان بولسىمۇ، كېيىنكى كۈنلەردە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن يازىدىغان قىسقا خەتلىرىمۇ بەكلا ئازىيىپ كەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ بۇ يېقىندا ئېۋاغا ئۆچلۈك قىلىپ كېلىۋاتقان بىر كۈندەش قىز، فۈھرېرنىڭ سايلام پائالىيىتى كۈنلىرىدە چىرايلىق قىزلار بىلەن بىرگە چۈشكەن رەسىملىرىنى ئۇنىڭغا ئىۋەرتىپ بېرىدۇ.
پەرىشتىلەر بايرىمى كۈنى (1-نويابىر) يېرىم كېچىدىن ئەندىلا ئاشقان بىر ۋاقىتتا، ئېۋا براۋن ھىتلېرغا بىر پارچە ۋېدالىشىش خېتىنى تاشلاپ قويۇپ تاپانچا بىلەن بوينىغا قارىتىپ ئېتىپ ئارتىرىيە قان تومۇرىنى ئۈزىۋېتىدۇ. ئاندىن ئۆمىلىگىنىچە مىڭ تەستە تېلېفوننىڭ يېنىغا بېرىپ ھاسىرىغىنىچە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى پلاتقا تېلېفون قىلىدۇ: مەن تاپانچا بىلەن يۈرىكىمگە قارىتىپ ئۆزەمنى ئېتىۋالدىم!
ھىتلېر سايلام ئىشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ بىر دەستە گۈل تۇتقىنىچە ئېۋانى داۋالاۋاتقان شەخسى دوختۇرخانىغا يېتىپ كېلىدۇ. ”سىزچە براۋن خانىم قىز ئۆزىنى ئېتىۋېلىشىدىكى مەقسەت سىزنىڭ بىمارىڭىز بولۇش ۋاستىسى ئارقىلىق مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن ئىدى دېيىشكە بولارمۇ، قانداق دەيسىز؟“ دەپ دوختۇر پلاتتىن سورايدۇ. دوختۇر ئۇنىڭغا، قارىغاندا بۇ قىز رەسمىلا ئۆلىۋېلىش نىيىتىگە كەلگەن. بۇ قىز ماڭا ھېچكىم مېنىڭ بىلەن كارى بولمىدى، شۇڭا بۇ ھاياتنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى دەپ بىراقلا ئۆلۈپ تۈگەشمەكچى بولغاندەك قىلىدۇ دەيدۇ. ھىتلېر، دوختۇر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بىرگە كەلگەن خوفمانغا ”ئاڭلىدىڭمۇ، بۇ قىز مېنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بولغان. ئەمما مەن ئۇنى خاپا قىلمىغان تۇرسام نېمىشكە ئۆلىۋالماقچى بولىدۇ؟ — ئۇ جىم تۇرالماي ئالدى كەينىگە ماڭغىنىچە ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ كېتىدۇ، — دېمەك، مەن بۇ قىزغا كۆڭۈل بۆلىشىم كېرەك ئىكەن.“ ئەمما خوفمان بۇ گەپكە قوشۇلماي، بۇ ئىش باھانىسىدا سېنى ھېچكىم ئاۋارە قىلماسلىقى كېرەك دەيدۇ. ئەمما ھىتلېر ئۇنىڭغا ”ئويلاپ باق، بۇنىڭغا ھېچ كىمنى ئىشەندۈرەلمەيسەن“ دەيدۇ. ھىتلېر كىشىلىك تۇرمۇشتىن ئاز-تۇلا خەۋىرى بار بولغاچقا، بۇ قىزنىڭ قايتا يەنە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ئۇرۇنماسلىقىغا كىم كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟ دەپ ئويلايتتى.
ئەسلىدىنلا سايلام پائالىيەتلىرى چىققىلى بولماس بىر داشقايناققا ئايلىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئەمما تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ھىتلېرنىڭ دىققىتىنى چېچىۋېتىدۇ. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە، ھىتلېر يەنە بىر ئاۋارىچىلىققا دۈچ كېلىدۇ. گيوبېلس ئۆزى باشلاپ قىزىللار بىلەن بىرلىكتە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىمۇ تەستىقلىمىغان بېرلىن ترانسىپورت ئىشچىلىرىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك چوڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، بېرىلىدىغان ئىش ھەققىنى سائەتىگە بىر سېنت ئەتراپىدا كۆپەيتىپ بېرىش تەلىۋىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ ئەسلىدىكى غايىلىرى ئىچىدە نۇرغۇن جەھەتلەردە ئوخشاشلىقلار بار بولغاچقا، بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى بۇندىن بۇرۇنمۇ بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن كېيىن ھاۋا تۇتۇلۇپ سوغوق بولۇپ كەتكەچكە، مىللى سوتسىيالىزم پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن كومپارتىيىلىكلەر سوغۇق شامال ئۇرۇپ تۇرغان ئوچۇقچۇلۇقتا ساقچى توسىقى ئالدىدا يېتىپ قوپۇپ بىرلىكتە تاماق يېيىشىدۇ. ئۇلار مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ، ئىش تاشلاشقا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارغا قارشى تاش ئېتىشىپ، ترامۋاي رېلىسلىرىنى قومۇرۇپ تاشلاپ، بىر مۇنچە يەرلەرگە توساق قۇرۇپ چىقىشىدۇ.
ھىتلېر بۇ كالۋا مورئتىنىڭ بۇنداق بىر ھەرىكەت باشلاتقانلىقىنى ئاشىكارە ئەيىپلەشكە ئامالسىز قالغان بولسىمۇ، بۇ ئىش سەۋەبىدىن شۇنچە كۆپ ئوتتۇرا تەبىقە سايلىغۇچىلىرىنى قاچۇرۇپ قويغانلىقىدىن غەزەپلىنىپ يېرىلىپ كەتكىدەك بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنى دەرھال يىغىشتۇر دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. ”ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر بىزگە بولشېۋېكچىلار دەپ بوھتان قىلىپ ھۇجۇم قىلماقتا. ئەسلىدە بىزنىڭمۇ تاقەت قىلغۇچىلىقىمىز قالمىغان ئىدى. — دەپ يازىدۇ گيوبېلس كۈندىلىك خاتىرىسىدىكى تەھلىلىدە، — ئەگەر بىز بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاشقا پەرۋاسىز قارايدىغان بولساق، ئۇ ھالدا بىزنىڭ ئىشچىلار سىپى ئىچىدىكى ئورنىمىز زەئىپلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.“ گيوبېلىسنىڭ بۇنداق دۆتلۈكى، بۇرجۇئازىيە سىنىپىنىڭ تەمىنلەپ كېلىۋاتقان ياردەملىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يەكشەنبە كۈنكى سايلامدا، يەنى 6-نويابىردا، ھىتلېر 2 مىليوندىن ئارتۇق ئاۋازدىن مەھرۇم بولىدۇ. پارلامېنت ئىچىدىمۇ 34 دېپوتات ئورنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. نەتىجىدە مەركىزى پارتىيە بىلەنلا ھەمكارلىشىپ كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشەلىشى مۇمكىن بولماي قالىدۇ. مۇھىمى، بۇ ئىش ھىتلېرنىڭ داغدۇغىلىق ھەرىكىتىنىڭ كەينىگە چېكىنگەنلىكىدىن،275 سايلام ساندۇقىغا تايىنىپ ھوقۇققا ئېرىشىش ستىراتىگىيىسىنىڭ مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
بەزى گەپلەردىن قارىغاندا، ھىتلېر بۇ كۈنلەردە يەنە بىر قېتىم ئۆزەمنى ئۆلتۈرىۋالىمەن دەپ سەبداشلىرىغا تەھدىت قىلغانمىش. ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالغان ھىتلېرنىڭ بۇنداق گەپلەرنى قىلىش ئېھتىمالىنى يوق دېگىلىمۇ بولمايتتى. شۇنداقتىمۇ مەغلوبىيەتتىن كېيىن قايتىدىن ئەسلىگە كېلىپ ئۆزىنى روھلاندۇرۇش ئۇسۇلى قايتا ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتمەيلا ھىتلېر قايتىدىن ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلىدۇ. ئۇ قايتىدىن سېفتون دېلمېرنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا ئۇ ئاساسەن ئىشەنچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولغان دېيىشكە بولاتتى. بۇ زىيارەت ۋېيماردىكى ”پىل مېھمان سارىيى“ نىڭ ئارقا بۆلۈملىرىدىن بىرسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. سۆھبەت جەريانىدا ھىتلېر تۇيۇقسىزلا گېپىنى سىياسىي مەسىلىلەردىن ئوتتۇردا تارقىلىپ يۈرگەن بىر سۆز-چۆچەككە، يەنى ئەنگىلىيىنىڭ گېرمانىيىدە بىر مۇنارخىيىلىك تۈزۈم تىكلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپكە بۇرايدۇ. بۇ گەپتىن بۇ ئەنگىلىيىلىك بەكلا ھەيران قالىدۇ. دېلمېر، مەن بۇ گەپنى تۇنجى قېتىم سىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن دەيدۇ. ”ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيىدە تەرتىپ تىكلىنىپ مۇقىملىق ئورنىتىلىشىغىلا قىزىقىدۇ دەپ قارايمەن.“
”توغرا، بەكلا توغرا دېدىڭىز. _ دەيدۇ ھىتلېر، ئەگەر بىرسى چىقىپ خوخېنزۇللېرن خاندانلىق ئائىلىسىنى قايتا تىرىلدۈرگىنىدە، گېرمانىيە يېڭىدىن ئوت-يالقۇنى ئىچىدە قالىدىغانلىقى چوقۇم. مەن پات يېقىندا ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىمەن. شۇڭا مەن، خانلىق سارىيىدىكىلەرنىڭ ئۈستۈمگە مىنىۋېلىپ چاپتۇرۇپ يۈرىدىغان ئات بولۇشىنى ھەرگىز خالىمايمەن.“ ھىتلېرنىڭ بۇ ئاچچىق گېپى، بەلكىم يېقىندا دۈچ كەلگەن بىر قېتىملىق ئىزاغا قالغانلىقىدىن، يەنى پوتسدامدا، بىر شاھزادە بولغان سېشىلېي بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن نومۇس قىلىپ دېيىلگەن بولىشى مۇمكىن ئىدى. شۇقېتىم، كۆرۈشۈش ئاخىرلىشىپ ھىتلېر يولغا چىقماقچى بولۇپ تۇرغىنىدا، ھەمرالىرىدىن بىرسى، شاھزادىنىڭ ”دەرھال دېرىزىنى ئېچىۋەت، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى بۇلغىنىپ كەتتى!“ دېگىنىنى ئاڭلاپ قالغان بولۇپ، فۈھرېر بۇ ھەيكەلنىڭ ئۇنى داۋاملىق نۇمۇسقا قويۇشىنى تېزگىنلىيەلمەي كەلمەكتە ئىدى.

6
پاپېننىڭ پارلامېنتتىكى دېپوتات سانى باشقىلارنىڭكىدىن بەكلا ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن ھىتلېرنىڭ مەغلوبىيىتىمۇ ئۇنىڭغا تەسەللى بولالمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ھىتلېرغا خەت يېزىپ مۇنداق دەيدۇ: يېقىنقى سايلام نەتىجىسى پۈتۈن گېرمانىيە بويىچە ئىتتىپاق بولۇشىمىز ئۈچۈن يېڭى بىر پۇرسەت سۇنماقتا. ”بىز ئەندى سايلام رىقابىتى مەيدانلىرىدا ئوتتۇرغا چىققان ئاچچىقلارنى ئۇنۇتۇپ، ئىككىمىز بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ئويىمىز بولغان دۆلەت مەنپەتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويساق“ دەيدۇ. ئاۋغۇستتىكى كۆرۈشۈشنىڭ ئەسلىمىلىرى بەكلا ئاچچىق ئىدى. شۇڭا ھىتلېرنىڭ جاۋاب خېتى ئۇنى ئەيىپلەش بىلەن تولغان ئىدى. ھىتلېر، فۈھرېر بىلەن مۇھاكىمە قىلىش يىغىنىدا كىشىلەرگە خاتا چۈشەنچە بېرىپقويغانلىقىنى باھانە قىلىپ پاپېننىڭ كۆرۈشۈش تەكلىۋىنى رەت قىلىدۇ. سىز بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكىنىمدىن كېيىن، مېنى ھەممە ھوقۇقنى ماڭا تاپشۇر دېدى دەپ ئاشكارە ئېلان قىلۋەتكەن ئىدىڭىز. ئەمەلىيەتتە بولسا، مەن پەقەت رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىنىلا تەلەپ قىلغان ئەمەسمىدىم؟ ئۇنىڭدىن باشقا، مەن ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا 13-ئاۋغۇست ئويۇنىنىڭ قايتا ئوينىلىشىغا يول قويالمايمەن. يەنى سىز، ھىندېنبۇرگ بىلەن بىرلىكتە مەسئولىيەتنى قەتئى ئۈستۈمگە ئېلىشىم كېرەك دېمىگەنمېدىڭىز؟ ”ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، سىزدىن ئۈستۈڭىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئولىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىڭىزنى تەلەپ قىلغىنىمدا بۇ تەكلىۋىمنى ئاڭلاشنى پەقەتلا خالىمىغان ئىدىڭىز. ئەمما مەن ئۆزەمگە تېگىشلىك قىسمىنى ئورۇندىدىم. ئەكسىنچە، سىز بىر باش مىنىستىر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئىككى يۈزلىمىلىك بىلەن مېنى ئالدىدىڭىز. مېنىڭ ئارزۇيىمغىمۇ قارىماي، مېنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنىمۇ ئاڭلىماي، ئىمپىرىيە پرىزدېنتى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىشكە مېنى شۇنچە ئوڭاي ماقۇل كەلتۈرىۋالغان ئىدىڭىز. … ئەندى مەن بۇنداق ئۇيۇننىڭ قايتا ئوينىلىشىغا پۇرسەت بەرمەيمەن.“
پاپېن، بۇ شەكىلدە رەت قىلىنغاندىن كېيىن 17-نويابىر چۈشتىن كېيىن ھىندېنبۇرگقا دوكلات قىلىدۇ.276 ئۇ، ھىتلېرنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا بولىدىغان ھەر قانداق بىر بىرلىشىش قەتئى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن دەيدۇ. پرىزدېنت ئۇنىڭ سۇنغان ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلىپ، ئەتىسى خۇگېنبېرگتىن ھىتلېرنىڭ باش مىنىستىرلىككە تەيىنلىنىش ھەققىدىكى پىكىرىنى سورايدۇ. خۇگېنبېرگ بولسا ئەندى ھىتلېرغا ئىشەنمەس بولۇپ ئۆزگەرگەن ئىدى. ”مېنىڭچە، ئۇنىڭ سىياسىي ۋەقەلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى ئۇسلۇبىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ھەرگىزمۇ تۇتقازغىلى بولمىغىدەك. نېمىلا بولسا بولسۇن، بۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.“ مارشال، مەسلىھەتچىسى مېيسنېردىنمۇ بۇ ھەقتىكى پىكىرىنى سوراپ كېلىپ، بۇ مەسلىھەتچىسىدىن ھىتلېرنىڭ ميۇنخېندا تۇرغان ۋاقىتلىرىدا سىرچىلىق قىلىپ يۈرگەنلىكى راستمۇ دەپ سورايدۇ. ئەمما مەسلىھەتچىسىنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا چاچلىرى ئاپئاق ئاقىرىپ كەتكەن خۇگېنبېرگقا تىكىلىدۇ. ”قەدىرلىك ياش دوستۇم، سەن بىر ھېسابتا مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىمنى دېگەن بولدۇڭ. — دەيدۇ. بۇ رېۋايەتنىڭ جەمئىيەتتە كەڭ تارقىلىشىغا ھەمدەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: — بىز  بىر سىرچىنى بىسمارك ئولتۇرغان بۇ ئورۇنغا ئولتۇرىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك.“
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، ھىتلېرنىڭ چىڭ تۇرۇپ تەلەپ قىلىشى بىلەن ھىندېنبۇرگ ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدۇ. سۆزلىشىش باشتىن تارتىپلا بەكلا ناچار باشلىنىدۇ. ھىندېنبۇرگ ھىتلېرنى ئەيىپلەپ كېلىپ، ناتسىست ياشلىرىنىڭ شەرقى پروسىيىدە خالىغانچە ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ”يېقىن كۈنلەردىلا ئۇلار تاننېبېرگتا 'ئويغان، تېز ئويغان!' دېگەندەك بىر نېمىلەرنى دەپ ۋارقىرىشىپ يۈرگەن. ئۇلار مېنى مۈگىدەپ قالغان دەپ قارايدىغان ئوخشايدۇ!“ ھىتلېر ئۇنىڭغا قول ئاستىدىكى ئادەملىرىنىڭ بۇ دېگەنلىرىدە ھېچ قانداق يامان غەرەز يوقلىقىنى، ئۇلار مىللى سوتسىيالىزم پارتىيىسىنىڭ ”گېرمانىيە، تېز ئويغىنايلى“ دېگەن كونا شۇئارىنىلا توۋلىشىپ يۈرگەنلىكىنى دەپ چۈشەندۈرىدۇ.
ئارىدىن بىرەر سائەتتەك ۋاقىت ئۆتكەندە مېيسنېر كىرىپ كېلىدۇ. سۆھبەت بىر-بىرسىگە زەھەر سانچىغاندەك گەپلەر بىلەن داۋاملىشىدۇ. ھىتلېر پارتىيىسىز بىر كابىنتتا ۋەزىپە ئۆتەش نىيىتىدە ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ باش مىنىستىر بولىغىنىدىلا بۇنداق بىر ھۆكۈمەتكە قاتنىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ”ۋەتەن مەنپەتى سەۋەبىدىن پارتىيىمىز بۇ ئىشتا بۇنىڭدىن باشقىچە بولىشىغا ھەرگىز يول قويالمايدۇ. — دەيدۇ ھىتلېر، — يەنى پارتىيىمىز مېنى چوقۇم باش مىنىستىر بولغانلىقىمنى كۆرىشى كېرەك.“ ناتسىستلار بىلەن كومپارتىيە بىرلشىپ بېرلىندا ترانسىپورت ئىشچىلىرى ئىش تاشلاش ھەرىكىتى قوزغىغانلىقىغا نېمە دەيسەن؟ سورايدۇ ھىندېنبۇرگ. ”مەن بۇرۇن قول ئاستىمدىكى ئادەملىرىمگە قارىتا ئاز-تۇلا سەۋر قىلىپ كەلگەنلىكىم راس. — دەيدۇ ھىتلېر جاۋابەن، — ئەمما ئىش تاشلاش بەرىبىر پارتىلايتتى. ئەگەر مەن ئۇلار تەرىپىدە تۇرمىغان بولسام، ئۇچاغدا مەنمۇ ئىشچىلارنىڭ ھىمايە قىلىشىدىن مەھروم بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى. شۇڭا، ئادەملىرىمنىڭ ئۇلارغا قېتىلىشىنى گېرمانىيە مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت دەپ قارايمەن“ دەپ ئېنىق ئېيتىدۇ.
ھىندېنبۇرگ بۇ ”سىرچى“ غا قەتئىي ئىشەنمىسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ”مەن ساڭا يەنىلا ئۆز تەلىۋىمنى تەكرارلايمەن: ماڭا ياردەمچى بولغىن. — بۇ دېگىنى ھىتلېرنى ئۆزىگە سادىق بولىشىنى ئاشكارە تەلەپ قىلغىنى ئىدى، — مەن سېنىڭ ۋە بۇ پارتىيىڭنىڭ غايىلىرىدىن ھەقىقەتەنمۇ قايىلمەن، مەن سېنىڭ ۋە پارتىيىڭنىڭ ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن“ دەيدۇ. شۇنداق دەپ تۇرۇغلۇق يەنىلا ھىتلېرنى باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەش مۇمكىن ئەمەس دەپ تۇرىۋالىدۇ. تەبىئىكى، ئەگەر ئۇ كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشەلىسە مىللى سوتسىيالىزم پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى ئۆزى خالىغىنىچە قۇرىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قويىدۇ.
ھىتلېر ئىككى تىزىغا قويغان ئالقىنىنى چىڭ تۈگكىنىچە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ”مارشال ئەپەندىم! باشقا پارتىيىلەر بىلەن كىلىشىم تۈزۈشۈمنى تەلەپ قىلغان ئىكەنسىز، ئۇ ھالدا ئاۋال ماڭا ھوقۇق بېرىشىڭىز كېرەك. مارشال ئەپەندىم، بۇنىڭ مەنتىقىغا سىغمايدىغان يەنە نەرى بار؟!“ ئۇ ئاچچىقىنى زادىلا يوشۇرالماي قالىدۇ.
ھىندېنبۇرگ مازاق قىلىپ كۈلۈپ كېتىدۇ.
ھىتلېرنىڭ بۇ گېپى بىلەن ئۆي ئىچى تىمتاس بولۇپ ھېچ بىر ئاۋاز چىقمايدۇ. ھەممەيلەن جىددى تۈسكە كىرگەن ئىدى. ”مارشال ئەپەندىم. — ھىتلېر ئاخىرى ئېغىز ئاچىدۇ، — سىز مېنى مۇستەبىت ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىدۇ دەپ ئويلايدىغان ئوخشايسىز. ئەسلىدە مېنىڭ ئۇنداق بىر نىيىتىم يوق. ئەگەر سىز مېنىڭدىن پارلامېنتتا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشىپ كەل دەپ تەلەپ قىلماقچى بولىدىكەنسىز، ئۇ چاغدا مەن پارلامېنتقا بىر قانۇن لايىھىسى سۇنۇپ پەۋقۇلئاددە جىددى ئىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مېنى ۋەزىپىگە تەيىنلەڭلار دەپ تەلەپ قىلاي.“ ئۇ ھەقىقەتەنمۇ پارلامېنتنى بۇنداق بۇيرۇق چىقارتقۇزۇشقا مەجبۇرلاشقا كۈچى يېتەتتى. شۇنداق قىلسا مەسىلىمۇ ھەل بولىدۇ دەپ ئويلايتتى.277
ئەمما بۇنى ھىندېنبۇرگ ھەرگىز قوبۇل قىلالمايتتى. شۇڭا ئۇ ھىتلېردىن يەنە بىر قېتىم ئەسكەرلىك مەسئولىيىتى بىلەن تەلەپ قىلىپ، بۇ ئىشنى ئىككىسى ئارىسىدا ھەل قىلىپ پۈتتۈرۈشنى ئۈتۈنۈپ سورايدۇ. ھىندېنبۇرگ ئۇرۇش ۋاقتىدا ئۇلارنى بىرلىكتە تۇتۇپ كەلگەن ”كونا سەپداشلىق تۇيغۇلىرى“ نى ئىشقا سېلىپ ھىتلېرنى تەسىرلەندۈرۈشكە تىرىشىپ كۆرىدۇ. ”بۇ ئىشتا ھەر ئىككىمىزلا بىر-بىرىمىزگە ئازىراقتىن يول قويىدىغانلا بولساق، ئىككىمىز يەنىلا ئورتاق ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىش قىلالايمىز دەپ ئىشىنىمەن.“ ھىتلېر پرىزدېنتنىڭ يېنىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ خۇددى بۇرۇنقىدەك قىلچىمۇ يول قويماي تۇرىۋالغان، ھىندېنبۇرگ بولسا مەن بۇ سابىق ئون بېشىنى تەسىرلەندۈرەلىدىم دەپ ئويلاپ مېيسنېرغا مۇنداق دەيدۇ: ”قارىغاندا بۇ ھىتلېر دېگەن ئادەم ئىش قائىدىلىرىنى ئاستا-ئاستا ئۆگۈنىۋالىدىغاندەكمۇ قىلىدۇ.“ ئەمما ھىتلېرنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەش تەلەپلىرى ھىندېنبۇرگقا ھەر تەرەپتىن توختىماي كېلىپ تۇرغاچقا، ھىندېنبۇرگمۇ ئىككى كۈن كېيىن ھىتلېر بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈش زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشكە ھىتلېر ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلانغان بىر پارچە بايانات بىلەن كېلىدۇ. بۇ باياناتتا، پارلامېنت تۈزۈمى ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقتى؛ بۇ تۈزۈم خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالماس ھالغا كەلدى؛ گېرمانىيىدە مىللى سوتسىيالىزم پارتىيىسىلا كوممۇنىزمنى چەكلىيەلەيدۇ، شۇڭا ھىتلېرنى ھۆكۈمەت باش مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىشى لازىم دەپ تەلەپ قىلىنغان ئىدى.
ھىندېنبۇرگ، پارلامېنتتا كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىنى ئاختۇرۇپ كۆر، شۇ چاغدىلا سېنى باش مىنىستىرلىككە تەيىنلىيەلىشىم مۇمكىن دەپ يەنە بىر قېتىم مەسلىھەت بېرىدۇ. ھىتلېر بۇ مەسلىھەتىگە ئۇنچە بەك قىزىقمايدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئارانلا 10 مىنۇت داۋاملاشقان بولۇپ، سۆزلىشىش پرىزدېنتنىڭ ئەڭ مۇھىمى دوستلۇق دەپ تەكىتلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە كۈن جەريانىدا ھىتلېر بىلەن مېيسنېر ئۇزۇن يېزىلغان خەت ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ئەمما ھىتلېرنىڭ ئىزچىل تۈردە باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىنىشنى چىڭ تۇرۇپ تەلەپ قىلىشى، ھەتتا پاپېنغا ئوخشاش تولۇق ھوقۇقلۇق باش مىنىستىرلىقنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋېلىشى، ئورتاق بىر كىلىشىمگە كېلىش تىرىشچانلىقلىرىنى نەتىجىسىز قىلىۋېتىدۇ. بۇنداق قاتمال ۋەزىيەت، تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك بولغان بىر قىسىم سودا سانائەتچىلەر كاتىۋاشلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ ھەقتە ھىندېنبۇرگقا بىۋاستە بېسىم ئىشلىتىشكە كىرىشىدۇ. بۇ تۈردىكى كاتىۋاشلار ئەزەلدىن مىللىي سوتسىيالىزم پارتىيىسىگە ماددى جەھەتتە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار، ئەگەر مىللىي سوتسىيالىزم پارتىيىسى تەختكە چىققىدەك بولسا، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىگە پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ ئىشىنەتتى. مەسىلەن، ھىتلېر بىر ۋاقىتلاردا ئى. گ. فاربىنغا كاپالەت بېرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: ئۇنىڭ قۇرىدىغان ھۆكۈمىتى چوقۇم ئۇنىڭ سىنتېتىك كىرېسىن ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ھىتلېر، شۇ يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىزچىل تۈردە ”دوست جەمئىيەت“ دەپ تونىلىۋاتقان كايسېرخوف بىرلەشمىسىدە سۆزلىگەن بىر قېتىملىق مەخپى نۇتقىدا، ئەگەر مەن باش مىنىستىر بولسام، بارلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىلەن قالغان پارتىيىلەرنى تارقىتىۋېتىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى.
نويابىرنىڭ ئاخىرىدا، 39 نەپەر داڭلىق سودا سانائەتچى (خىجالمار شاخت، سابىق باش مىنىستىر گۇنو ۋە شۇنىڭدەك كرۇپ، سېيمەنس، بوش، تايسېن، ۋۆرمان ۋە ۋۆگلېرغا ئوخشاش سانائەت كاتىۋاشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان) كاتىۋاشلار بىرلىشىپ ئىمزا يىغىپ پرىزدېنتقا خەت يېزىپ، ھىتلېرنى گېرمانىيە باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تۈردىكى ئەمەلىيەتچان كىشىلەر ھىتلېرغا بولۇشۇپ ناتسىستلار ئۈچۈن دوغا چىقىدۇ. ئۇلار، ھىتلېرنىڭ سوتسىيالىزم دېگىنى بىر ئالدامچىلىق، ئەگەر ئۇ تەختكە چىقىپلا ئالىدىكەن، دەرھال كاپىتالىزمنىڭ قۇرالىغا ئايلىنىدۇ دەپ قەتئىي ئىشىنەتتى (ھىتلېر بۇ جەرياندا گېرمانىيە كارخانىچىلىرىدىن مەنپەئەتلىنىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق بىرسىمۇ ئەمەس ئىدى. ”ھەر تۈرلۈك قوللاشلاردىن كېيىن شۇنى ئېتراپ قىلىشىمىز كېرەككى، گېرمانىيە كارخانىچىلىرىنىڭ مالىيە ياردىمىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەسلىدە ناتسىستلارغا قارشى پائالىيەتلەر ئۈچۈن سەرىپ قىلىنغان“ دەپ يازىدۇ خ. ئا. تۇرنېر. ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئاساسلىق كىرىمى يەنىلا ئاساسەن پارتىيە بەدەل پۇلىدىنلا كېلەتتى — ئا. ھ. ئى).
پارلامېنت تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرى گېرمانىيىنى سىياسىي جەھەتتە ئىلگىرلىيەلمەي بىر ئىزدا توختاپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولماقتا ئىدى. ھىندېنبۇرگ، قاتماللىق ئىچىگە چۈشۈپ قالغان بۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا پارلامېنت ئىچىدە ھەمكارلىق ئاساسىدا يېڭى كابېنت تەشكىل قىلىش ئىمكانى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.278 ”مەن سېنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ھەر دائىم تەييارمەن“ دەيدۇ ھىندېنبۇرگ ئاچچىق بىلەن مەركىزى پارتىيە رەئىسى پاپېنغا. پاپېنمۇ ئۆزىنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ھىندېنبۇرگنى رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تۈر ئىپادىسى ھىندېنبۇرگنى خوش قىلىۋېتىدۇ. پاپېن ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: ”ئەگەر مەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ تېگىشلىك ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەن بولسام، ئۆزەمنى گېرمانىيىنىڭ ئالدىغا قويىۋېلىپ تىركىشىپ تۇرىۋېلىشقا ھەرگىز ھەققىم يوق. شۇ سەۋەپتىن ئۆزەمدىن يەنىلا غۇرۇرلىنىمەن.“ ھىندېنبۇرگ، ھەر تەرەپتىن كەلگەن تەلەپلەر ئۇنى ئۈمىتسىزلەندۈرۈپ كېلىۋاتقاچقا، 1-دېكابىر كۈنى پاپېن بىلەن يېڭىدىن دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن شلېيچېرنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىدۇ. ئۇ ئىككىسى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دا يېتىپ كېلىپ، مېيسنېر ۋە ئوسكار ۋون ھىندېنبۇرگ ئىككىسى بىلەن بىر قاتاردا پىرىزدېنت ئۈستىلى ئەتراپىدا يېرىم دائىرە بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ. پاپېن سۆز ئېلىپ، ھىتلېر ھۆكۈمەت كابېنتىنىڭ باش مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگىنىدىلا ئاندىن بارلىق مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى سۆزلەپ يۈرىدۇ. شۇڭا مەن، ئۇ چاققىچە كابىنىتىمنىڭ ۋاقىتلىق ھوقۇق يۈرگۈزۈپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمەن دەيدۇ. پاپېن، ئۆزىنىڭ پارلامېنتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە، پارلامېنتنى بىر مەزگىل تاقىۋېتىش زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ جەريان پرىزدېنتنىڭ ئاساسى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر جەريان بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئەمما ۋەزىيەت بەكلا جىددىي بولغاچقا بۇنداق تەدبىر قوللىنىشتا يېتەرلىك باھانىلارمۇ بار ئىدى. ئەگەر ساقچى تەرەپ تەرتىپنى ساقلىيالمىغىدەك قىلسا، ئۇ ھالدا قۇرۇغلۇق ئارمىيىسى ئوتتۇرغا چىقىپ ۋەزىيەتنى تېزگىنلىشىگە توغرا كېلەتتى.
”مىلتىق ۋە نەيزە تەڭلەپ تۇرۇپ بەكلا كۆپ مەسىلىنى ھەل قىلالىشىمىز مۇمكىن. — دەيدۇ شلېيچېر رەھىمسىزلەرچە، — ئەمما سىزنىڭمۇ قىلالمايدىغان بىر ئىشىڭىز بار، سىزمۇ ئۇزۇنغىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالالمايسىز.“ بۇ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى، پاپېننىڭ بۇ پىلانىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆز پىلانىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ: مەن پاپېننىڭ ئورنىغا باش مىنىستىر بولسام بۇ مەسىلە ھەل بولۇپ كېتىدۇ دەيدۇ. يەنى شۇنداق قىلغاندا ناتسىستلا ئۆز ئىچىدە ئىككى تەرەپ بولۇپ پارچىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇ چاغدا ئۇمۇ پارلامېنت ئىچىدە كۆپ سانلىق ئاۋازنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن دەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ گرېگور ستراسسېر بىلەن بىر قاتاردا ئۇنىڭ بىر-ئىككى سادىق كىشىلىرىنى يېڭى كابىنتتا ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئارقىلىق ناتسىستلار دېپوتاتلىرىنىڭ 60 نەپىرىنىڭ ئاۋازىنى قولغا كەلتۈرىۋېلىش مۇمكىنلىكىنى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن قالغان بۇرجۇئازىيە پارتىيىلىرىمۇ ئۇنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى پاپېن، شلېيچېرنىڭ ”بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك ئۇنداق سەمىمى، ئوچۇق كۆڭۈل مۇئامىلىدە بولماي كېلىۋاتقانلىقىنى“، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ”كۆرىنەرلىك دەرىجىدە سوغۇقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى“ ھېس قىلماقتا ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، بۇرۇن ئۇنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئۈچۈن ياردەم قىلغان بۇ گېنېرالنىڭ يەنە كېلىپ ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىشىنى تەلەپ قىلىشىدىن ھەيران بولۇپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالىدۇ. پاپېننىڭ يولغا قويۇپ كەلگەن سىياسەتلىرىنى شلېيچېر ئىزچىل تۈردە قوللاپ كەلگەن، ھەتتا بەزى سىياسەتلەرنى ئۇنىڭ ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى. پاپېن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆزىنى ئاقلاپ، دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرىنىڭ بەرگەن پىلانلىرى پرىزدېنتنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن پارلامېنت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىپ قېلىشىنى مەقسەد قىلىپ تۈزۈلگەن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر پىلان ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ باقىدۇ.
بۇ تۈر مۇزاكىرىلەر ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقاچقا، ھىندېنبۇرگ چارچاپ ھالىدىن كەتكىدەك بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي مۇنازىرە ئاخىرلاشقىچە تىك ئولتۇرۇپ چىقىدۇ. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ پاپېنغا مۇنداق دەيدۇ: ”باش مىنىستىر ئەپەندى، مەن سىزنى يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن دەرھال مۇزاكىرە باشلىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن. قۇرۇلىدىغان بۇ يېڭى ھۆكۈمەتكە سىزنىڭ پىلانىڭىز بويىچە ئىش قىلىشىنى بۇيرۇيمەن.“
بۇ گەپتىن شلېيچېر ھېچ نېمە ئۇقالماي ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ. ئۇ پاپېن بىلەن بىرگە پرىزدېنت ئىشخانىسىدىن ئايرىلغان ۋاقتىدا، پاپېن ئۇنىڭغا ۋەزىپىسىدە يەنە بىر قانچە ئاي قېلىپ ئاساس قانۇننى تۈزىتىش ھەمدە پارلامېنت مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشىنى پۈتتۈرىۋېلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. ”شۇ چاغدا مەنمۇ ئىستىپا بەرسەم، سىزمۇ ھۆكۈمەتنى قولغا ئالسىڭىز، شۇنداق بولغاندا، سىزمۇ ئىش باشلىغان كۈندىن تارتىپلا خاتىرجەم ۋەزىپە ئادا قىلالايدىغان بولىسىز. قانداق دەيسىز؟“
شلېيچېر بۇ تەكلىپنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر بىرلەپ رەت قىلىدۇ. ئاندىن خۇددى لۇتېرنىڭ ”ئېۋورمس يىغىنى“ دىن ئايرىلغان ۋاقتىدىكىدەك (1521-يىلى چاقىرىلغان ”ئېۋورمس يىغىنى“ دا مارتىن لۇتېر كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىنغان) ”ھەي راھىپ، ھەي راھىپ، سەن خەتەرلىك يول تاللىۋالدىڭ“ دەيدۇ.279
ئەتىسى چاقىرىلغان ئىچكى كابېنت يىغىنىدا بۇ مەسىلە بەكلا كۆڭۈلسىز ھەمدە ئاشكارە بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. پاپېن تۈنۈگۈن كەچتىكى پرىزدېنت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرە ئەھۋالىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ كېلىپ، شلېيچېرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ پىكىرىنى سورايدۇ. شلېيچېر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەگەر پاپېن رەھبەرلىكىدە يېڭى بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلغىدەك بولسا پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قالايماقانچىلىق پارتىلاپ چىقىشى مۇقەررەر؛ ئەگەر ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىپ قالسا، ساقچىلار بىلەن قۇرۇغلۇق ئارمىيىسىمۇ قانۇن تۈزۈم بىلەن تەرتىپ ئىنتىزامنى ساقلىيالماي قېلىشى مۇمكىن دەيدۇ. ئۇ يەنە بۇ ئىشلارنى بىر قۇر تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، باش قۇماندانلىق شىتابدىكىلەر ساقچىلار بىلەن ئالاھىدە ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرىغا ئوخشاش يەرلىك ناتسىستلارنىڭ سىڭىپ كىرىشى نەتىجىسىدە بۇلغىنىپ كەتكەن بولغاچقا، قۇرۇغلۇق ئارمىيىسى ھىتلېرنىڭ قوزغۇلىڭىنى باستۇرۇشقا ئامالسىز قېلىشى مۇمكىن دېگەن خۇلاسىغا كەلدى دەيدۇ.
ھېچ بىر مىنىستىر قۇرۇغلۇق ئارمىيىسىنىڭ بۇ تۈردىكى پەرىزىگە قارىتا قارشى پىكىر بىلدۈرەلمەيدۇ. شۇڭا پاپېن دەرھال پرىزدېنت ئىشخانىسىغا قاراپ چاپىدۇ. ئالدىنقى كۈنلىرىدىكى كۈندىلىك ئىشلاردىن چارچاپ ھالى قالمىغان ھىندېنبۇرگ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي پاپېننىڭ قۇرساق كۆپۈكى قىلىپ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلايدۇ. ”قەدىرلىك پاپېن. — دەيدۇ ھىندېنبۇرگ، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن بۇرۇنقى ئىشەنچىنىڭ قالمىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. — ئەگەر مەن مۇشۇ تاپتا پىكىرىمنى ئۆزگەرتسەم مېنى چوقۇم بەكلا پەسكەش بىرسى ئىكەن دەپ قارىشىڭ مۇمكىن. ئەمما مەن بەكلا قېرىپ كەتتىم. ئۆلۈم بوسۇغۇسىغا كېلىپ قالغان ئادەممەن. شۇڭا بۇنداق بىر ئىچكى ئۇرۇشنىڭ مەسئولىيىتىنى ئۈستۈمگە ئالالىغىدەك كۈچ-قۇۋۋەت مەندە يوق. ئامال يوق، تەڭرى ئاشقى، شۇ شلېيچېر دېگەن ئەپەندىنىڭ تەلەي سىناپ بېقىشىنى كۆرۈپ باقساق قانداق؟“ دەيدۇ.
ھىندېنبۇرگ ھاسسىسىغا تايانغىنىچە مىڭ تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ سەندۈرۈلۈپ يۈرۈپ پاپېننىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭ قولىنى سىقىدۇ. بۇنىڭدىن پاپېن قاتتىق تەسىرلىنىدۇ. ئۇ، بوۋاينىڭ ئىككى كۆزىدىن مۇنچاقتەك ياش تامچىسىنىڭ تۆكۈلۈپ ئىككى مەڭىزىگە ئېقىپ چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. بىر قانچە سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مارشال بىرسىدىن خەيرىلىشى خاتىرىسى سۈپىتىدە پاپېنغا بىر پارچە رەسىم ئىۋەرتىدۇ. رەسىم ئۈستىدە: ”مېنىڭ بىر سەبدىشىم بار بولدى!“ دېگەن سۆزلەر يېزىلغان ئىدى. بۇ سۆز ئەسلىدە داڭلىق بىر ھەربى مارشتىن ئېلىنغان بىر مىسراشىئېر ئىدى.
شلېيچېر پرىزدېنتنىڭ يېنىغا كىرىدۇ. پرىزدېنت ئۇنىڭغا يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللە دەپ بۇيرۇيدۇ. ئەمما شلېيچېر: ”مەن دېگەن سىزنىڭ ئېغىلىڭىزدىكى ئەڭ ئاخىرىدا جەڭگە سالىدىغان بىر ئايغىرمەن. شۇڭا مېنى ھازىرچە زايا قىلماي ساقلىشىڭىز كېرەك ئىدى“ دەپ نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. ھىندېنبۇرگ ئەگەر بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلمساڭ مەن ئىستىپا بېرىمەن دەپ قورقۇتقاندىن كېيىنلا شلېيچېر تەيىنلەنگەن بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇ راستىنلا شۇنداق دېگەن ئىدى. بەلكىم دېگىنىدەك ئامالسىزلىقتىن بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلغاندۇ. ھىندىنبۇرگ شۇندىلا راھەت بىر نەپەس ئېلىپ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇنى تەبرىكلەيدۇ. ئاندىن بۇ ئىش ئۈچۈنمۇ بىر باشقا بىرسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم نەقىل كەلتۈرگىنى لاتىنچە بىر جۈملە ئىدى: ”بىر پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلىغان كىشىلەر سىزنى تەبرىكلەيمىز!“
شۇنداق قىلىپ، 1932- يىلى 2- دېكابىر كۈنى، كۇرت ۋون شلېيچېر 1890- يىلى بىسمارك ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىدىن بۈگۈنگىچە تۇنجى قېتىم بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن گېنېرال بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچى قىلغان ئىشى گرېگور ستراسسېرنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ (ئۇ ئىككىسى قايسى بىر چىش دوختۇرىنىڭ ئۆيىدە تونۇشۇپ قالغان ئىدى) ئورۇنباسار باش مىنىستېر ۋە قوشۇمچە پروسىيە شىتاتىنىڭ باش مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ تەكلىپ ستراسسېرنى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا قىزىقتۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ ھىتلېرغا سادىق بىرسى بولغاچقا، بۇ ھەقتە باشلىقىم بىلەن سۆزلىشىپ ئاندىن جاۋاب بەرمىسەم بولمايدۇ دەيدۇ. ئەمما ئۇ، فۈھرېرىنىڭ ئەتىراپى قاتتىق قورشاۋ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ قورشاۋغا ئالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ئاخماق ساداقەتمەن ۋە تەخسىكەش كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئەنە شۇنداق كىشىلەر فۈھرېرنى تېزگىنىدە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ تۈر كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشتىنمۇ ئاز-تۇلا خەۋەر تېپىپ قالغانلىقىنى بۇ يېڭى باش مىنىستېرغا تىنمايدۇ. تېخى يېقىندىلا ستراسسېر خاپا بولۇپ فرانكقا مۇندەپ دەرتلەنگەن ئىدى: ”ھىندېنبۇرگ دېگەن بۇ ئادەم ئىنتايىن ھۆرمەتلىك بىر بوۋاي. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ چىن كۆڭلىدىن مېنى ھۆكۈمەت ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەپ بېرىشىمنى ئېيتقان. ئەمما لوھېڭگرىن-ھىتلېرنىڭ ئەتراپى بىر ئۇچۇم غەلىتى كۆرۈنۈشلۈك مەلئۇنلار تەرىپىدىن ئوراپ ئېلىغان. ھەي فرانك، مېنىڭچە بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ: گيۆرىڭ دېگىنى رەھىمسىز ۋە شەخسىيەتچى بىر مەخلۇق، ئەگەر ئۇ بىرەر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگىدەكلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ گېرمانىيە ئىشلىرىغا باش قاتۇرىشى ناتايىن. گيوبېلس دېگىنى رەسمى بىر ئالۋاستى، ئىككى يۈزلىمىچى. رۆم دېگىنى رەسمىلا بىر توڭگۇز. مانا بۇلار فۈھرېرنىڭ پىشقەدەم مۇھاپىزەتچىلىرى. ئاھ، نېمە دېگەن قورقۇنۇشلۇق!“280
شلېيچېر-ستراسسېر ئىككىسىنىڭ مەخپى ئۇچرىشىشى پاپېن ئىشخانىسىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن سېزىلىپ قالىدۇ. ئۇلار بۇ خەۋەرنى بىر مۇخپىرغا ئاشىكارلىۋېتىدۇ. ئۇ مۇخپىر يەنە بۇ خەۋەرنى خانفىستايىنگىلغا يەتكۈزىدۇ، خانفىستايىنگىل بولسا بۇنىڭدىن ھىتلېرنى خەۋەردار قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، پاپېن، توغرىسى پاپېننىڭ سابىق خىزمەتچىلىرى شلېيچېر مەسىلىسىدە گەپ تارقىتىشقا باشلىغان ئىدى. ئەمما بۇ ئىشلاردىن ئەڭ ئاۋال زىيان تارتقۇچى كىشى ستراسسېر بولۇپ چىقىدۇ. ئۇ ئەسلىدە ھىتلېرغا بولغان ساداقىتىنى بۇزماي شلېيچېر بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ ئىشتا ئۇ پارتىيىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتنىشىش بەدىلىگە بولسىمۇ دەرھال ھوقۇق ئۈستىگە چىقىش دەيدىغان تۇنۇشتا ئىدى.
ھىتلېر بولسا ستراسسېردىن خېلى بۇرۇنلا گۇمانلىنىپ يۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنداق بىر گۇماندا قېلىشىغا گيوبېلس سەۋەپچى بولغان ئىدى. چۈشىنىشكە بولىدۇكى، ھىتلېر تەبىئى ھالدا بۇ ئىشنى خائىنلىق دەپ قارايدۇ. شۇنداقتىمۇ نىسبەتەن مۆتىدىل مەسلىھەتچىلىرى بولسا شلېيچېرنىڭ يېڭى تەكلىۋىنى ئويلىشىپ كۆرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. يەنى فۈھرېرنىڭ ئورۇنباسار باش مىنىستىرلىقنى ئۈستىگە ئېلىش تەرىپىدە ئىدى. 15-دىكابىر (ئەسلى ئېنگلىزچە ئارگېنالدا 5-دېكابىر — ئۇ. ت) كۈنى، پارتىيە كايسېرخوفتا بىر قېتىملىق رەھبىرى كادىرلار يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، بوران-چاپقۇنلۇق ئۆتكەن بۇ يىغىندا ستراسسېر فۈھرېرىنى بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىڭ دەپ چىڭ تۇرۇپ يالۋۇرىدۇ. ئەمما گيوبېلس بىلەن گيۆرىڭ ئىككىسى بۇنداق بىر سودىلىشىشقا قەتئىي قارشى چىقىدۇ. ھىتلېرمۇ بۇ ئىككىسىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىدۇ. ستراسسېر ئۇلارنى مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ: ئەگەر يېڭى ھۆكۈمەت مىللى سوتسىيالىزم پارتىيىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگىنىدە شلېيچېر پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش مۇمكىن. ئەمما ستراسسېرنىڭ ”خائىنلىق قىلىشى“ دىن قاتتىق رەنجىگەن ھىتلېر، بۇ مەسىلىنىڭ داۋاملىق تالاش-تارتىش قىلىنىشىنى رەت قىلىدۇ.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ، ستراسسېر كايسېرخوفتا ھىتلېر بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشىدۇ. ھىتلېر بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە ستراسسېرنىڭ خائىنلىق ھەرىكىتىنى ئاشىكارە ئەيىپلەيدۇ. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ستراسسېر جاۋابەن مۇنداق دېگەن: ”ھىتلېر ئەپەندىم، ئەگەر يۈز ئۆرۈشنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسە، مەن ھەر قانداق بىر گەپ توشۇغۇچىلاردىن ئاشۇرىۋەتكەن يېرىم يوق. مېنىڭ لايىھەم پارتىيىنىڭ تېخىمۇ بەتەر خاراپ بولىشىغا يول قويۇش ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.“ ئۇ قاتتىق ئاچچىغلانغانلىقىدىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي يىغىننى تاشلاپ چىقىپ تاكسىلىق ئېكسسېلسىيور مېھمان كۈتۈشكە قايتىپ كېتىدۇ. ستراسسېر ياتىقىغا كىرىپمۇ ئاچچىقىنى بېسىۋالالماي يالغۇز ئولتۇرۇپ كېتىدۇ. ئەتىسى، يەنى 8-دېكابىردا ھىتلېرغا بىر پارچە خەت يېزىپ، فۈھرېرىم ماڭا بولغان ئىشەنچىنى يوقۇتۇپتۇ. بۇنداق بىر ئەھۋالدا پارتىيە ئىچىدىكى بارلىق ۋەزىپىلىرىمدىن ئىستىپا بېرىشتىن باشقا چارەم قالمىدى دەپ بىلدۈرىدۇ. ئۇ خېتىدە، ئاشكارە يۈز ئۆرۈش تەشەببۇسىدا بولماي، پارتىيىنىڭ بارلىق كادىرلىرىنى ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ۋەزىپىسىنى ئورۇندۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ستراسسېر بۇ خېتىنى ئۆزى بىۋاستە ھىتلېرگە تاپشۇرۇشنى ئەپ كۆرمەي پوچتىدىن ئىۋەرتىۋېتىدۇ. ئاندىن ياتىقىدا ھىتلېردىن تېلېفون كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ.
گيوبېلىسنىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا، بۇ خەت كايسېرخوف ئۈستىگە بومبا چۈشكەندەك كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىۋەتكەن. ھىتلېرمۇ بۇنىڭدىن قاتتىق چۈچۈپ بىر مەزگىل نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان. يەنە بىر تەرەپتىن ستراسسېرغا تېلېفون بېرىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇشقىمۇ كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. ئېنىقكى، ستراسسېر يارىشىپ قېلىش يولىنى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ پارلامېنتتىكى بىر كىشىلىك ئورنىنى بوشىتىپ بېرىش ياكى پارتىيە ئەزالىقىدىن ۋاز كېچىشنى پەقەتلا خالىمىغان ئىدى. كايسېرخوفتىن بىرەر خەۋەر كەلمىگەچكە، ستراسسېر نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ پويىز ئىستانسىسىغا قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ. ئۇ يەردە يېقىنلىرى بىلەن بىرگە بىر ئاز پىۋا ئىچكەندىن كېيىن كېچىلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ ميۇنخېنغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.
شۇ كۈنى ئاخشىمى ھىتلېر گيوبېلسنىڭ ئۆيىدە بولىدۇ. ”بىز خوشال بولىمىز دەپمۇ بولالمىغان ئىدۇق. — دەپ يازىدۇ گيوبېلس كۈندىلىك خاتىرىسىگە، — ھەممىمىزنىڭلا كۆڭلى يېرىم ئىدى. بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى توزۇپ كېتىپ پارتىيىمىز پارچىلىنىپ چېچىلىشقا باشلىغانلىقى بۇكۆڭۈلسىزلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋىبى ئىدى.“ تۈن يېرىمىدىن ئېشىپ سائەت ئىككى بولغاندا لېيدىن تېلېفون كېلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا كۆرۈنەرلىك تەۋرىنىش ۋە خاتىرجەمسىزلىكلەر كۆرۈلمەكتە دەپ خەۋەر قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ فۈھرېرنى دەرھال كايسېرخوفقا قايتىپ كېلىشكە ئۈندىسەڭ دەپ ئۆتۈنىدۇ. ھىتلېرمۇ دەرھال ئۇ يەرگە يېتىپ بارىدۇ. ئەمما ئەتىگەنلىك گېزىتلارنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ، پارتىيە ئىچىدە خۇددى قازان قاينىغاندەك پات-پاراقچىلىق بولۇپ كېتىدۇ.281 يەنى، گېزىتلاردا ستراسسېرنىڭ ئىستىپا بەرگەنلىكى ھەققىدە سەرلەۋھەلىك خەۋەرلەر بېسىلغان ئىدى! ھىتلېر، بۇ خەۋەرنى چوقۇم ستراسسېرنىڭ ئۆزى ”يەھۇدىي گېزىتلىرى“ غا ئاشىكارىلىۋەتكەن دەپ ئىشىنەتتى. ئۇ غەزەپلەنگەنلىكىدىن كېكەچلەپ، گرېگور ”غەلىبە قىلىشقا بەش مىنۇت قالغاندا بىزنى كەينىمىزدىن پىچاقلىدى“ دەپ قايناپ، كۆڭلى يېرىم، كۆزىدىن ياش تۆككىنىچە ئولتۇرۇپ كېتىدۇ.
”بۇنداق بىر رەزىللىك بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگىنىنى قارىمامدىغان. — دەيدۇ خاتىرىسىدە گيوبېلس، — بۇ بىر خائىنلىق! خائىنلىق، خائىنلىق قىلىش! … فۈھرېرىمىز نەچچە سائەتلەپ مېھمان كۈتۈشتىكى ياتاقتا تىنماي ئالدى-كەينىگە مېڭىپ چىقتى! … بىر قېتىم، ئۇ مېڭىشتىن توختاپ، 'ئەگەر پارتىيە پارچىلىنىپ كەتكىدەك بولىدىكەن، مەن 3 مىنۇت ئىچىدە ئۆزەمنى ئېتىۋېلىپ پۈتۈن ئىشلىرىمغا خاتىمە بېرىمەن!' دەپ قايناپ كەتتى.“
كېيىن، بىرسى ئوتتۇرغا چىقىپ، ئىش بۇ يەرگە كەلگەنىكەن، بىزنىڭ قىلىدىغان ئەڭ ئاقىلانە ئىشىمىز ستراسسېرنى تېپىپ كېلىپ بۇ جىدەلنى ئاخىرلاشتۇرۇش بولىشى كېرەك دېگەن تەكلىپنى بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھىتلېر شوپۇرى شرېكقا ”ھەر قانداق بەدەل تۈلەپ بولسىمۇ“ دەرھال ستراسسېرنى تېپىپ كەل دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. ئەمما بۇ چاغدا ستراسسېر ميۇنخېندىكى ئۆيىگە كىرىپ بولغان ئىدى. ستراسسېر ئالدىراش نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ دەم ئېلىش ئۈچۈن ئىتالىيىگە قاراپ يولغا چىقىش تەييارلىقىغا كىرىشكەن ئىدى. دەل شۇ ئەسنادا بىر دوستى ئۇنى يوقلاپ كېلىدۇ. ئۇ دوستىغا قەتئى قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”مەن دېگەن پارتىيىمىز تەرىپىدىن ئۈستۈمدىن ئۆلۈم پەرمانى چىقىرىلغان ئادەممەن.“ شۇڭا ئۇ بۇ يېقىن دوستىغا بۇندىن كېيىن مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ يۈرمىگىن، ”ھەر قانداق بىر ۋەقە يۈز بېرىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ دېگەنلىرىمنى قەتئى ئۇنۇتما: بۈگۈندىن ئېتىبارەن، گېرمانىيە بىر ئاۋسترىيىلىكنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى دەۋەر. بۇ ئاۋسترىيىلىك ئادەم، قېپقىزىل تۇغما يالغانچى، ئۇ ئارمىيىدە ئوفىتسېر بولۇپ قان كۆرگەن بەكلا رەھىمسىز، غەلىتە مىجەزلىك بىر مەخلۇق. شۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئىشنىڭ ئەڭ يامان تەرىپى، ئۇ بىر ئادەم قېلىپىغا پۈركىنىۋالغان ئالۋاستى.“ ئىچكى قىسىمدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ستراسسېر بۇنداق تىللار بىلەن ھىتلېرنى قارىلايدىغان ئىككىنچى كىشى ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، ستراسسېر فۈھرېرىنى يەنىلا ھۆرمەت قىلاتتى. بۇندىن سەل ئاۋال، ئۇ روزېنبېرگكە مۇنداق دېگەن: ”مېنىڭ ھاياتىم ھىتلېرغا بېغىشلانغان، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن؛ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ سادىق ئادىمى قاتارىدا گۆرگە كىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.“
شۇ كۈنى، پارتىيىنىڭ رەھبىرى كادىرلىرى بىلەن يەرلىك كادىرلىرى پارلامېنت باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا يىغىلىپ ستراسسېرنى تەنقىت قىلىشىدۇ. ھىتلېر يەنىلا ھاياجىنىنى بېسىۋالالماي ياش ئېقىتىپ تۇرۇپ، ستراسسېرنىڭ يۈز ئۆرىگەنلىكىدىن بەكلا ھەيران ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. گيوبېلسنىڭ دېيىشىچە، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ”ئۆزلىكىدىن فۈھرېرنى تەبرىكلىشىپ، بىر-بىرلەپ بېرىپ ئۇنىڭ قولىنى سىققان. شۇنىڭدەك ھەر قانداق بىر ۋەقە يۈز بېرىشىدىن قەتئى نەزەر، بۇ ئۇلۇغ غايىسىدىن يانماي ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. نەتىجىدە ستراسسېر پۈتۈنلەي يېتىم ھالغا چۈشۈرۈلۈپ، بىر موردىدىن پەرقى يوق بىرسىگە ئايلىنىپ قالغان.“
ئەسلىدە ستراسسېرنىڭ بۇ تۈر ھاياجان ئىچىدە قىلغان ھەرىكىتىنى ھەرگىز خائىنلىق قىلىش دەپ قاراشقا بولمايتتى. ئۇنىڭ بىردىن-بىر مەقسىدى فۈھرېرىنى گيوبېلسقا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشلا ئىدى. ئۇ ھېچ قانداق بىر تەرەپكە ۋەكىللىك قىلمايتتى. شۇنىڭدەك ستراسسېرغا سادىق مۇھىم ئورۇندىكى پارتىيىلىكلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇنۇتۇلۇپ كەتكەن بىر ئىشمۇ يوق. شۇڭا ئۇنى دەپ پارتىيە ئىچىدە تازىلاش ئېلىپ بېرىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. ھىتلېر: ستراسسېر كېسەللىك سەۋەبىدىن  ئۈچ ھەپتىلىك دەم ئېلىشقا ئايرىلدى. بۇ ئىشنى تەشكىلىمى تەستىقلىغان دەپ ئېلان قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، پارتىيە ئەزالىرى فۈھرېرنىڭ ستراسسېرغا ئىشەنمەس ھالغا كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ھەممەيلەن ستراسسېرغا ئىشەنمەس بولىدۇ.
ئىشلا بۇ شەكىلدە بىر تەرەپ بولشىغا قارىماي، ھىتلېر يەنىلا بۇ شاھزادىسىنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكىدىن بەكلا كۆڭلى يېرىم ئىدى. شۇڭا ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ستراسسېرنى ئەقلىدىن چىقىرىۋېتىشكە تىرىشىدۇ. دېكابىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، ھىتلېر ئۇزۇن بىر دوكلات خاتىرسى ئېلان قىلىپ، ستراسسېرنىڭ ھوقۇقلىرىنى تۆۋەنگە تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ئۇختۇرىدۇ. شۇندىن كېيىن، ھىتلېر پارتىيە ئىچىدە بىرەرسىنىڭ بۇنچە چوڭ ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزىۋېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغان بولىدۇ. ستراسسېرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋەزىپىلىرى ھېسنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. چۇنكى ھېس ”ئاساسى ئىدىيىسى بىلەن مەقسىدىنى (ھىتلېرنىڭ ئىدىيىسىنى دېمەكچى) ئەڭ پىششىق بىلىدىغان بىرسى ھېسابلىناتتى.“282
گەرچە فۈھرېر پارتىيىنىڭ تېزگىنىنى قايتىدىن قولىغا ئالغان بولسىمۇ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى يەنىلا خاتىرجەم بولالمايدۇ، روھى ھالىتىمۇ بەكلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىستىقبالغا بولغان ئۈمىدلىرى سوۋۇشقا باشلىغان ئىدى. گيوبېلس، ”ھۇجۇمچىلار ئەترىتى بىلەن پارتىيە كادىرلىرىنى ئېنىق بىر يۆلۈنۈشتە تۇتۇش بەكلا قىيىنلىشىپ كەتتى“ دەپ يازىدۇ  15-دېكابىردىكى كۈندىلىك خاتىرىسىگە. 24-دېكابىردىكى خاتىرسىگە يەنە مۇنۇلارنى يازىدۇ: ”يالغۇز ئولتۇرۇپ بولغان ئىشلارنى ئويلاپ غەم قىلىشقا باشلىدىم. جاپا مۇشەققەتلىك ئۆتكەن كۈنلەر، قاپقاراڭغۇ كېلەچەك. ئۈمىتسىزلىك، قورقۇنۇشلۇق يالغۇزلۇق مېنى قىينىماقتا. بارلىق ئۈمىدلەر، بارلىق پۇرسەتلەر پۈتۈنلەي يوقالدى.“
ھىتلېرمۇ خۇددى شۇنىڭدەك كۆڭلى يېرىم ئەھۋلدا ئىدى. ئۇنىڭ مەيۈسلىك روھى ھالىتى، شۆبىھسىزكى، يەنە شۇ ئارچا بايرىمى ۋاقتى كەلگەن كۈنلەردىكى بۇرۇختۇرمىلىقتىن تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ (كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇ خىزمەتچىسىگە مۇنداق دېگەن: ئۇ زادىلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالالماي قالغاچقا، ئارچا بايرىمى ئۈچۈن ئۆي بىزەشكىمۇ قولى بارماس بولۇپ قالغان. ھىتلېر، ئاپام دەل مۇشۇنداق ئارچا بايرىمى ئاخشىمى چىراقلار بىلەن بىزەلگەن ئارچا دەرىخى تۈۋىدە يېتىپ جان ئۈزدى دېگەن). ”بارلىق ئۈمىدلىرىم غايىپ بولدى. — دەيدۇ ۋاگنېر خانىمغا ئارچا بايرىمى ئۈچۈن ئېۋەرتكەن سوغىتىغا رەخمەت ئېيتىپ يازغان خېتىدە، — ئويلىغانلىرىمنىڭ ھېچقايسىنى ئىشقا ئاشۇرالمىدىم. ئەندى مەندە ھېچقانداق بىر ئۈمىد قالمىدى، دۈشمەنلىرىم بەكلا كۈچلۈك چىقتى. ئەگەر مەن بارلىق نەرسىلىرىمدىن مەھرۇم بولغانلىقىمنى ھېس قىلغان ۋاقتىمدا نېمە قىلىدىغانلىقىمنى سىز ياخشى بىلىسىز. مەن ئەزەلدىن شۇنداق قىلىشقا غەيرەت قىلىمەن دەپ ئويلاپ كەلگەنمەن. مەغلوبىيەت، بۇنىڭغا مەن ھەرگىزمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيمەن. ئۇنداق بىر ئەھۋالدا بىر پاي ئوق بىلەن ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن دېگەن ۋەدەمنى ئىجرا قىلىشتىن قەتئى يانمايمەن.“
ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ھىتلېر ئۆزىنى ئالداپ يۈرىدۇ، مانا ئەندى ئۆزىنىڭ سىياسىي ئۆلۈمىنى تەنتەنە  قىلىپ تەبىرىكلىمەكتە دەپ قارىشاتتى. ”ھىتلېر تۈگەشتى. ئەندى ئۇ، بىر كۈشكۈرتكۈچى سۈپىتىدە ياكى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىلگىرلەش غەيرىتىگە ئىگە ئازسانلىقلار داھىسى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى مۇستەبىت بولۇش ئېھتىمالى بولغان بىرسى سۈپىتىدە تۈگەشتى. — دەپ يازىدۇ ۋىللىيام بۇللىت پرىزدېنت بولۇپ سايلانغان فرانكلىن روزېۋېلتقا ئىۋەرتكەن 11 بەتلىك ئۇزۇن دوكلاتىدا، — ھىتلېرنىڭ تەسىرى تېزلىكتە ئاجىزلاشماقتا. ھۆكۈمەتمۇ ئەندى ناتسىستلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى.“
مۈللېرن-شۆنخاۋسېننىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا، دەل شۇ كۈنلەردە ھىتلېر يەنە بىر قېتىم خانۇسسېنغا پال باقتۇرغانمىش. بۇ مەشھۇر يۇلتۇز پالچىسى ئۇنىڭغا بىر قېتىم پال سېلىپ بەكلا توغرا تاپالىغان ئىدى. ئۇ پال سېلىپ كېلىپ، گەرچە ھىتلېرنىڭ يۇلتۇزى يېقىن كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا پايدىلىق ھالەتكە كېلىدىغاندەك قىلسىمۇ، ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن توسالغۇلارغا دۈچ كېلەرمىش. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خانۇسسېن، ھىتلېرغا پەقەت بىرلا نەرسە ئۇنىڭ بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرەلىشى مۇمكىنمىش؛ ئۇ نەرسە يىلتىزى ئادەم شەكلىدىكى ماندراكگۈل بولۇپ، بۇ گۈل ھىتلېر تۇغۇلغان كىچىك شەھەردىكى بىر قاسساپنىڭ بېغىدا ئۆسىدىكەن؛ ئۇ گۈلنى تولۇنئاي كېچىسىدىلا تاپقىلى بولارمىش؛ خانۇسېن جاسارەت كۆرسىتىپ بۇ ئاجايىپ ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى ئۆز ئۈسىگە ئالغان. ئېيتىشلاردىن قارىغاندا، ئۇ 1933-يىلى يېڭى يىل بايرام كۈنىسى يوقۇرى سالسبېرگنىڭ ۋاشىنفېلد زالىغا قايتىپ كېلىپ ھىتلېر بىلەن كۆرۈشكەنمىش. تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ئۇ ئەكەلگەن ماندراگۈلىنى بىر قانچە مىسرا قوشاق قوشۇپ ھىتلېرغا سۇنغان. بۇقوشاقتا، ھىتلېرنىڭ 30-يانىۋار كۈنىدىن باشلاپ تەختكە چىقىپ ھوقۇق يۈرگۈزىدىغانلىقى ئالدىن كۆرسىتىلگەنمىش. بۇ قوشاق تۈۋەندىكىدەك ئىدى:
غايە يولى تولۇق ئېچىلمىدى،
مۇۋاپىق ياردەمچىلەر يىغىلىپ بولمىدى،
بۇ يول ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۈچ دۆلەتتە،
بانكا ئارقىلىق، ھەممە يۈرۈشۈپ كېتىدۇ!
ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنى،
جاناب مەقسىدىگە يېتىدۇ _ جانابنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى بولىدۇ،
بۇ يولدا سۇمرۇغنىڭ يولى ئەمەس،
چۈمۆلە يولى بولىدۇ!
سوغۇق شامالدا يوپۇرماقلار شىلدىرلايدۇ،
تۆكۈلگەن غازاڭلار ئۇچۇشىدۇ،
دەل-دەرەخلەر غۇلاپ،
شاخلىرى قاراسلاپ سۇنىدۇ!283
ئەگەر ھىتلېرنى بۇ ئالدىن پەرەزگە ئىشەنگەن دېيىشكە توغرا كەلسىمۇ، — بۇ خەۋەر گېزىتقا بېسىلىپ قاتتىق مازاق قىلىنغان — بۇنداق بىر ئىشقا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلىدە بولمىغان بىرلا داڭلىق ياۋروپالىق ئۇ ئەمەس ئىدى. يۇلتۇز پالچىسى لوئىس گاۋرىك، رىم پاپىسى ئونىنچى لىئوغا (ئىنگلىزچىدىن تەرجىمىدە 5- بولۇپ قالغان — ئۇ. ت) سەن چوقۇم پاپىلىق تەختىگە چىقالايسەن دەپ ئېيتقانىكەن. نوستراداممۇ (نوسترادام — بۇندىن 4 ئەسىر بۇرۇنقى ياۋروپانىڭ داڭلىق پالچىسى. ئۇنىڭ تۆت مىسىرالىق شىئىردىن تۈزۈلگەن مىڭ كوپلىتتەك تاپقاقلىق كىتابىدىكى بەزى مىسرالارغا قاراپ ناپالىئون، ھىتلېر، ھەتتا نىيۇيورك 11-سىنتەبىر قوش كېزەك بىنا ۋەقەسىگىچە بولغان داڭلىق كىشى ۋە ۋەقەلەرنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلىگەن دېيىشىدۇ. ئۇ يەنە 2012.12.21 كۈنى ئاخىرزامانغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر بالايى-ئاپەت بولىشىنىمۇ ئالدىن مۆلچەرلىگەن دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تۆتلۇك مىسىرالىرى ئارىسىدا يۇرتىمىزغا ماس كەلگىدەك بىرەر گەپ تاپقىلى بولمايدىكەن! — ئۇ. ت) بىرىنچى ھېينىنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىنى توپ-توغرا تېپىپ چىققان ئىكەن. بەزى گەپلەرگە قارىغاندا، پيېر لې كلېركمۇ ناپالىئونغا چوقۇم ئىمپىراتور بولىسەن دەپ ئېيتقانىكەن. نېمىلا بولسا بولسۇن، خانۇسسېننىڭ بۇ ئالدىن پەرەز قىلىپ توقىغان قوشىقىنىڭ 3- ۋە 4-مىسىرالىرى ھىتلېرنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىۋەتكەن بولىشى مۇمكىن. چۇنكى ئۇ تېخى يېڭىلا ئۈچ كۈن ئىچىدە سابىق باش مىنىستىر ۋون پاپېن بىلەن مەخپى كۆرۈشۈش تەكلىۋىنى تاپشۇرىۋالغان بولۇپ، كۆرۈشۈش ئورنى ئۈچۈن بانكېر بارون كۇرت ۋون شرۆدېرنىڭ ئۆيى بېكىتىلگەن ئىدى. بۇ شرۆدېر دېگەن ئادەم، ھىندېنبۇرگتىن ھىتلېرنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغان 39 نەپەر كىشىدىن بىرسى ئىدى. بۇ ئالدىن پەرەز شۇنچىلىك ئېنىق ئوتتۇرغا چىققانلىقىنىڭ مەنتىقىلىق چۈشەندۈرۈلۈشى ئۈچۈن، خانۇسېننى، خۇددى ئۇنىڭ بۇرۇنقى كەسىپداشلىرىغا ئوخشاش، ھەقىقەتەنمۇ ئەقىللىق ئالدامچى، دېيىشلا قالىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىن ئېيتىشى چوقۇم بەكلا ئىشەنچىلىك مەنبەدىن بۇ خەۋەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شۇ ئاساستا پال باققان دېيىشلا مۇمكىن. شۇنىڭغا دېىققەت قىلىش كېرەككى، بۇ يەردە بانكا ئارقىلىق دېگىنى ”Durchdie Bank“ سۆزىنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ يەنە ”ئومۇمىيۈزلۈك“ دېگەننىمۇ بىلدۈرىدىغان بىر ئىدىئوم. بۇ سۆزنى ”بارلىق ئىشلار تەلتۈكۈس ئۆزگىرىدۇ“ دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. بەلكىم، قاقۋاش خانۇسېن بىر قانچە خىل ئېھتىماللىقنى چىقىرىش مەقسىتىدە بۇ خىل مۇجمەل ئىدىئومدىن مەخسۇس پايدىلانغان بولىشىمۇ مۇمكىن.
شۇ كۈنى ئاخشىمى، ھىتلېر ميۇنخېندا ”شىئېر كەچلىكى“ گە قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ھېس ئەر-خوتۇن ھەمدە ئېۋا براۋنمۇ بىرگە ھەمرا بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇ يەردىن چىقىپ ئۇلار خانفىستايىنگىلنىڭ ئۆيىدە قەھۋە ئىچىشىدۇ. ”ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ بەكلا مۇلايىم يېقىملىق. — دەپ يازىدۇ خانفستانگىل، — بۇ كېچە بىزگە 20-يىللاردا تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن ۋاقتلىرىمىزدىكى مەنزىرىنى ئەسلەتتى. ئۇ ئاخشىمىقى ئوركىستىر درىژورلىقىنى خانس كناپپېرتشبۇش ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ھىتلېر ئۇنداق توننى ۋە ئۇ تۈردىكى چۈشەندۈرۈشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى ئۈچۈن تىنماي تالىشىپ باھالاپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ باھالىشىنى ھەقىقەتەنمۇ يامان ئەمەس بىر باھا دېيىشكە بولاتتى. نۇرغۇن قىسىملىرىنى غىڭشىپ دوراپ بېرەلەيتتى ياكى ئىسقىرتىپ بېرەلەيتتى. تەبىكى سۆزلىرىنىمۇ سۇدەك يادقا بىلەتتى. شۇڭا ئۇ، شىئېرنىڭ مەنىسىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيتتى.“ فۈھرېر قىزىقچىلىق قىلىپ بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئەسلەيدۇ. كېيىن، تىياتىرخانىدىن ئايرىلىشتىن ئاۋال سۆز  قالدۇرۇش دەپتىرىگە ئىمزا قويۇپ، ئاستىغا ئېنىق قىلىپ ئاي-كۈنىنى قوشۇپ قويىدۇ. ئاندىن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ خانفىستايىنگىلغا قارىغىنىچە ھاياجانىنى ئاران بېسىپ: ”بۇ يىل بىزنىڭ يىلىمىز بولىدۇ. بۇ ھەقتە ساڭا خەت ئارقىلىق تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بېرىمەن!“ دەيدۇ.

7
ھىتلېر بەلگىلەنگەن 4-يانىۋاردا كولوگندىكى بارون ۋون شرۆدېرنىڭ ئۆيىدە پاپېن بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ كۆرۈشۈش مەخپى بىر ئۇچۇرۇشۇش بولىدىغانلىقى پىلانلىنىپ ھەر قايسى تەرەپلەر كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن شۇنچە ئەستايىدىل پىلانلاشقان بولسىمۇ خەۋىرى يەنىلا تارقىلىپ كېتىدۇ. شۇ كۈنى، بېرلىن گېزىتلىرىدىن بىرىنىڭ مۇخپىرى (بۇ مۇخپىر ھىتلېرنىڭ بىر مۇھاپىزەتچىسىنى پۇل بېرىپ قولغا چۈشىرىۋالغان)، ھىتلېر بىلەن پاپېن ئايرىم-ئايرىم ھالدا شرودېرنىڭ قوراسىغا كىرىۋاتقىنىدا ئۇ ئىككىسىنىڭ رەسىمىنى تارتىۋالغان. بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئىككى سائەت داۋام قىلىدۇ. دەسلىۋىدە، پاپېن، ھىتلېر-پاپېن ھۆكۈمىتى قۇرۇپ چىقىپ شلېيچېر ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، بۇ ھۆكۈمەتتە پاپېن بىلەن ھىتلېر ئىككىسى پۈتۈنلەي تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇش دېگەندەك تەكلىپلەرنى بېرىدۇ. ھىتلېر بەكلا ھەيران قالغان بۇ تەكلىپ ئۈستىدە ئۇزۇن بىر جاۋاب بېرىدۇ: ئەگەر مەن باش مىنىستىر بولدىكەنمەن، ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ھەقىقى باشلىقى ھېسابلانغان بولىمەن. ئۇ چاغدا مەنمۇ سىزنىڭ بەزى ئادەملىرىڭىزنى مىنىستىر قىلىپ تەيىنلىشىم مۇمكىن.284 ئەمما بۇنىڭ بىر شەرتى بار: بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەملىرىڭىز بىزنىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىلىكلەرنى، كومپارتىيەلىكلەرنى ۋە يەھۇدىيلارنى رەھبەرلىك ۋەزىپىلەردىن تازىلاپ چىقىرىۋېتىش سىياسىيتىمىزگە قوشۇلۇشى كېرەك. شرودېرنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئىككىسى ”پىرىنسىپ جەھەتتە بىر كېلىشىمگە كېلەلىگەن؛“ ئۇلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ۋاقتىدا، ئىككىسى ئەدەپ بىلەن ئۆزئارا قول ئېلىشىپ خوشلاشقان.
شلېيچېر، ئۇ ئىككىسىنىڭ قول ئېلىشىپ تۇرغان رەسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالدا پىرىزدېنت مەھكىمىسىگە كىرىپ پاپېننى خائىنلىق قىلدى دەپ پرىزدېنتقا شىكايەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ، پرىزدېنتتىن پاپېننى بۇندىن كېيىن مەن يوق يەردە قوبۇل قىلماڭ دەپ تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بۇ بوۋاي پاپېندىن ئىبارەت بۇ جاسارەتلىك چەۋەندازغا بەكلا ئامراق ئىدى. شۇڭا پاپېننىڭ ئۆزىنى ئالدايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ئەكسىچە، پاپېننى ھىتلېر بىلەن داۋاملىق غەيرى رەسمى تۈردە كۆرۈشۈشىنى، ھەمدە ئۇنىڭ كاتىۋىدىن بۇ سۆھبەت ئەھۋالىنى ۋون شلېيچېردىن يوشۇرۇن تۇتۇشنى تاپىلىمىغان بولاتتى.
ھىندېنبۇرگ، ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن شلېيچېرنىڭ ئابرويىنى تېخىمۇ چۇشىرىۋېتىدۇ: شلېيچېر، شەرقى گېرمانىيىدە ۋەيران بولغان جۇڭكېرلار (پومېشچىكلار) نىڭ زېمىنىنى مۇسادىرە قىلىشنى پىلانلايدۇ؛ ئەمما ھىندېنبۇرگ بۇ پىلانغا قارشى چىقىپ جۇڭكېرلارنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ. دېگەندەك، ئۇ ھىندېنبۇرگ تەرىپىدىن قول ئاستىدىكى بىر ئەسكەر قاتارىدا مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا ئىدى، ئەمما ئۇمۇ پاجىئەلىك بىر سىياسىي خاتالىق سادىر قىلىدۇ. يەنى مارشال بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ھەددىدىن تاشقىرى ئاچچىغلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ توپىلاڭ چىقارغان جۇڭكېرلار بىلەن بېرىش-كىلىش قىلىشنى رەت قىلىپلا قالماي ئۇلارغا قارشى ئاشكارە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. نەتىجىدە، ھىندېنبۇرگنىڭ مېھمان كۈتۈش ئۆيى دەرت تۆكۈپ كەلگەن جۇڭكېرلار ئائىلە تاۋابەتلىرى بىلەن لىق توشۇپ، ئۇنىڭدىن شلېيچېر ھۆكۈمىتىنى تارقىتىۋېتىشنى قەتئىي تەلەپ قىلىشىدۇ. ئىشلار بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. شلېيچېر يەنە ھەربىلەرنى غەزەپلەندۈرۈپ ئۇلارنىمۇ ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋالغان ئىدى. گېنېرال شلېيچېر شۇنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك ئىدىكى، جۇڭكېرلار بىلەن ئوفىتسېرلار ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق غايە ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ كەلگىنىگە ئىككى يۈز يىلدىن ئاشقان!
شلېيچېرنىڭ بۇ تۈردىكى ئاخماقانە ھەرىكىتىدىن مەنپەئەت كۆرگەن كىشى يەنىلا ئادولف ھىتلېر بولىدۇ. ھىتلېر كۈنسايىن كۈچىيىپ كېتىۋاتقان نارازىلىق ھېسسىياتلاردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، لىپ تەۋەسىدە سايلامدا ئۇتۇپ چىقىدۇ. ئۇ، بۇ قېتىمقى كىچىككىنە بىر ھەرىكەتنى مەملىكەتلىك ئومۇمى سايلام قاتارىدا كۆرۈپ، پارتىيىنىڭ پۈتۈن كۈچلىرىنى بۇ ئىشقا سالغان ئىدى. شۇ ئارقىلىق نىسبەتەن زور بىر ئۇتۇققا ئېرىشىش ئارقىلىق ئەمەلى كۈچكە تايىنىپ ھىندېنبۇرگ ۋە پاپېن ئىككىسىنى كېلىشىم تۈزۈشكە قىستاشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. نويابىر مەغلوبىيىتىدىن كېيىن قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا قايتىدىن ئابروي قازىنىشنى كۆزلەپ لىپنىڭ بارلىق شەھەر ۋە بازارلىرىدا نۇتۇق سۆزلەش ھەرىكىتىنى باشلىۋېتىدۇ. ئۇ بارغانلا يېرىدە قىزغىن قارشى ئېلىنىىدۇ. 15-يانىۋاردا، 39.6 پىرسەنتلىك خەلق ئاۋازىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېرىشكەن ئاۋاز سانىنى 17 پىرسەنت كۆپەيتىۋالىدۇ. بۇ شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ھىتلېرنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئومۇمىي سايلام كۈنىسى ھىتلېر ۋېيمارغا كېلىپ ”خوشاللىقىدىن خۇددى كىچىك بالىدەكلا يايراپ كېتىدۇ.“ ئۇ، بۇ قېتىمقى مۇۋەپپەقىيەت ”مۆلچەرلىگۈسىز مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر غالىبىيەت“ دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىشەنچكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەتىسى ستراسسېر بىلەن (ئۇ ئىتالىيىدىكى دەم ئېلىشىنى تۈگىتىپ ميۇنخېنغا  قايتىپ كەلگەن ئىدى)  بولغان زىدىيىتىنىمۇ ئاشكارە ئېلان قىلىدۇ. ئۇ، 3 سائەت داۋام قىلغان پارتىيىنىڭ يەرلىك مەسئۇل كادىرلار يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا،  خائىنلىق قىلدى دەپ ستراسسېرغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ستراسسېر بىلەن مۇناسەتلىرىنى تولۇق ئۈزۈش بىلەنلا قالماي ”پارتىيە ئىچىدىكى بارلىق مەغلوبىيەت قارىشىدىكى ئۇنسۇرلارنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى“ ئىكەنلىكىنىمۇ خەلق ئاممىسىغا بىلدۈرۈپ قويىدۇ. ئۇنىڭ نۇتقىنى كىشىلەر ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن ئاڭلايدۇ. پارتىيە ئىچىدە بىر قىسىم بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ستراسسېرغا ئەگىشىپ فۈھرېرغا تاقابىل تۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، فۈھرېرنىڭ بۇنداق بىر جىدەل ئىچىگە كىرىش نىيىتى يوق ئىدى. ستراسسېرمۇ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغانلىقى سەۋەبىدىن پارلامېنتىكى دېپوتاتلىق ئورنىدىن ۋاز كېچىپ ماشىنىلىق ميۇنخېنغا قايتىدۇ.
ئاخىرى ستراسسېر سىياسىي سەھنىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشى نەتىجىسىدە ھىتلېرمۇ ئاخىرقى ھېسابتا خاتىرجەم بولىدۇ.285 ھىتلېر كېلىشىشنى مەقسەت قىلىپ 18-يانىۋار ئاخشىمى يەنە بىر قېتىم پاپېن بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ قېتىم ئۇلار بېرلىن شەرھەر سىرتىدىكى داھلېم دېگەن يەردىكى جۋاچىم  ۋون رىبېنتروپنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆيىدە كۆرۈشىدۇ. ئۇلار مۇتلەق مەخپىي بولسۇن ئۈچۈن پاپېننى رىبېنتروپنىڭ ماشىنىسىدا ئېلىپ كېلىدۇ. ھىتلېرنىڭ ماشىنىسى ئۇدۇللا گەرەجىگە كىرىپ كېلىدۇ. ئۇ، رۆم ۋە ھىملېر بىلەن بىرلىكتە باغ تەرەپتىن داغدام قەدەملەر بىلەن بىناغا كىرىپ كېتىدۇ.
”ھىتلېر باش مىنىستىر بولۇشتا قەتئى چىڭ تۇرىۋالىدۇ. — دەپ يازىدۇ رىبېنتروپ خانىم شۇ قېتىمقى يىغىن خاتىرىسىگە، — پاپېن بۇ مۇمكىن ئەمەس دەپ قايتا تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھىندېنبۇرگقا بۇنىڭدىن ئارتۇق تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق كۆرۈشۈش توغرىلىق بىر نېمە دېمەيدۇ. جۋاچېم ئۇنىڭغا ھىندېنبۇرگنىڭ ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىش تەكلىۋىنى بېرىدۇ.“ مۇزاكىرە ھېچقانداق بىر نەتىجىگە كېلىنمەيلا تاماملىنىدۇ. ھىتلېرنىڭ جاھىللىقى پاپېننى بەكلا ئۇڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەمما بۇ ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى ئۇنداق ھېسابلىمايتتى. رىبېنتروپ خانىم يولدىشى بىلەن ئوخشاش ھىتلېردىن قاتتىق تەسىرلىنىپ، ”ھىتلېر ھەقىقىقەتەنمۇ مەرت ئادەم ئىكەن، قالتىس نوچى ئادەم ئىكەن“ دەيدۇ.

8
شلېيچېر ئورنىنى ساقلاپ قېلىشتا كۈندىن-كۈنگە قىينالماقتا ئىدى. 20-يانىۋار كۈنىگە كەلگەندە ئۇ مەيلى ئوڭچى ياكى سولچى بولسۇن، بارلىق پارتىيىلەرگە دېگىدەك دۈشمەن كۆزى بىلەن قارايدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق چېكىدىن ئاشقان ھالىتى پاپېن ئۈچۈن تېپىلماس بىر پۇرسەت ئىدى. شلېيچېر ئىستىپا بەرگىنىدىن بۇيان، بۇ سابىق باش مىنىستىر پات-پات ئۇنىڭ قوشنىسى ھىندېنبۇرگ ئاتا-بالا ئىككىسىنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ مەيۈس ئائىلىسىگە بىر ئاز بولسىمۇ خوشاللىق قېتىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما بۈگۈن ئۇنىڭ قارغا پۈركەلگەن پرىزدېنت باغچىسىغا كىرىپ كېلىشىدە باشقا بىر مەقسىدى بار ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ پرىزدېنتنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان خەۋەر ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. بۇگۈن ئۇنىڭغا ھىتلېر بىلەن كۆرۈشۈش ئەھۋالىدىن تەپسىلى دوكلات بېرىدۇ. پاپېن يەنە مۇتەئەسسىپ پارتىيىلەرنىڭ بىرلىشىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنىمۇ ئوتتۇرغا قويىدۇ. پاپېن پرىزدېنتقا ئۆتۈنۈش شەكلىدە بىر تەكلىپ بېرىدۇ: بىز نېمە ئۈچۈن ھىتلېرگە باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى بەرمەيدىكەنمىز؟ ئۇ سىزنىڭ دېگەن يولىڭىزدىن چىقمىسىلا بولدىغۇ؟
بۇ ئىشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ پرىزدېنتتىن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئوغلىدىن كەلمەكتە ئىدى. يەنى ئوغلى ھىتلېرنى ئوچۇق ئاشكارە كۆزگە ئىلمايتتى. ئەمما ئوسكارنىڭ بۇ تۈردىكى ھېسسىياتى ئىدىيولوگىيە جەھەتتىكى زىتلىقتىن ئەمەس بەلكى ھاكاۋۇرلىقىدىن كەلمەكتە ئىدى. ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوسكار ھىتلېر بىلەن سۆھبەتلىشىش تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىپ، 22-يانىۋار يەكشەنبە كۈنى ئاخشىمى رىبېنتروپنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆيىدە كۆرۈشىدىغانغا كېلىشىدۇ.

ئۇلار، ئوسكار بىلەن بىرگە دادىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىبى مېيسنېر بىلەن بىرگە بېرىشنى كېلىشىدۇ. باش مىنىستىر ۋون شلېيچېردىن سىر تۇتۇش مەقسىتىدە ئۇ ئاخشىمى ئۇلار ئاۋال پرۇسسىيە شىتاتلىق تىياتىرخانىغا بېرىپ تىياتىر كۆرىدىغان بولىدۇ. شۇ ئاخشىمى بۇ تىياتىرخانىدا ۋاگنېرنىڭ دەسلەپكى سەھنە ئەسەرلىرىدىن «پەرىزاتقا يولۇقۇش» دېگەن سەھنە ئەسىرى ئوينىلاتتى. ئۇ ھەمرالىرى بىلەن بىرگە تىياتىرخانىغا يېتىپ بارغىنىدا ”فىكۇس سايىسى“  كوچىسىدىن سۈڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق شىۋرىغان ئۇرۇپ تۇراتتى. پەردە ئېچىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇلار بىر قانچە سائەت ئاۋال ناتسىستلارنىڭ كومپارتىيە مەركىزى شىتابى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىش ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ. شلېيچېر 20 مىڭ كىشىلىك قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەرنىڭ نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشى ئۈچۈن رۇخسەت قىلىپ قىزىللارنىڭ قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشىگە بولسا رۇخسەت بەرمىگەن ئىدى. كېيىن ئۇ ساقچى ئەترەتلىرىنى چىقىرىپ، بروۋنىك ۋە پىلىموتلارنى ئىشقا سېلىپ نامايىشچىلار قوشۇنىنى قوغداشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
پەردە ئارىسى دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئوسكار بىلەن ئايالى ئىككىسى نۇرغۇن تونۇشىغا سالام بېرىپ،286 ئۆزىنى ھەممىنىڭ ئالدىدا مەن بۇ يەردە دەيدىغان تۇيغۇ بېرىشكە تىرىشىدۇ. ئەمما پەردە چۈشۈرۈلۈپ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان ئۈچۈن تەييارلىق باشلانغان ۋاقتىدا ئوسكار بىلەن مېيسنېر ئىككىسى يان ئىشىكتىن غىپلا قىلىپ تىياتىرخانىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئەمما ئايالى بۇرۇنقى ئورنىدىن ئايرىلماي ئولتۇرىۋېرىدۇ. ئۇلار سىرتقا چىقىپ تاكسى توساپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار تاكىسى يولغا چىققاندىن كېيىنلا ئاندىن بارىدىغان يېرىنى تاكسىچىغا ئېيتىدۇ. پىشىگە چۈشىۋالغان ئادەم يوقلىقىدىن خاتىرجەم بولغىنىدىن كېيىنلا شلېيچېرنىڭ ئادەملىرىنى ئېزىقتۇرىۋەتكەنلىكىگە ئىشىنىپ خاتىرجەم يولىنى داۋام قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئېھتىيات يۈزىسىدىن رىبېنتروپنىڭ ئۆيىگە خېلى يىراق بىر يەردە تاكسىدىن چۈشۈپ قالغان يولنى قار كېچىپ پىيادە ماڭىدۇ. خېلى كۆپ ئايلىنىپ يۈرۈپ رىبېنتروپنىڭ ئۆيىنى تاپىدۇ.
پاپېن، ھىتلېر، گيۆرىڭ ۋە فرىك قاتارلىقلار مېھمان كۈتۈش ئۆيىدە ئۇلارنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى. ھەممەيلەن بەكلا جىددى قىياپەتتە ئىدى. ئۇلار ئۆزئارا سالاملاشقاندىن كېيىن، ھىتلېر تۇيۇقسىزلا ئوسكارغا ئىككىمىز ئايرىم كۆرۈشسەك قانداق دەپ تەكلىپ قىلىدۇ. مېيسنېر ئېغىز ئېچىشقا ئۆلگۈرمەيلا ئوسكار بىلەن ھىتلېر ئىككىسى ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ كەينىدىن رىبېنتروپ ئىشىكنى مەھكەم ئىتىپ قويىدۇ. كېيىن كىچىك ھىندېنبۇرگنىڭ ئېيتىشىچە، ھىتلېر باشتىن تارتىپلا گەپنى قولدىن بەرمىگەن بولۇپ، ئۇ گەپنى پەقەت ھىتلېر ئۆزىنىڭلا گېرمانىيىنى قىزىللار قولىدىن قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى، پەقەت ئۆزىلا كۈچلۈك باش مىنىستىرلىق رولىنى ئوينىيالايدىغانلىقىنى، مىللى سوتسىيالىزم پارتىيىسىنىڭ قوللىشى بولماي تۇرۇپ قالغان ھېچ بىر پارتىيە ھۆكۈمەتنى تۇتۇپ تۇرالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرىۋالغان. ئارىدىن بىرەر سائەتتەك ۋاقىت ئۆتكەندە ئۇ ئىككىسى مېھمانخانا ئۆيىگە قايتىپ چىقىدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭلا چىرايى جىددى تۈستە ئىدى. ئاندىن ھەممە بىرلىكتە دەستىخانغا يىغىلىپ كەچلىك تاماققا ئولتۇرىدۇ. قولىغا پەلەي كىيىۋالغان خىزمەتچى ھەممىنىڭ ئالدىغا بىردىن كۈمۈش چىنا قويۇپ چىقىدۇ. قاچىلار تۇزلانغان سۈرلەنگەن گۆشلۈك پۇرچاق شورپىسى بىلەن توشقۇزۇلغان ئىدى. ھىتلېر مېنرال سۈيى ئىچىدۇ. قالغان مېھمانلار بولسا شامپانىسكى ئىچىشىدۇ. سورۇنغا ئەڭ كېيىن كېلىپ قوشۇلغان كىچىك ھىندېنبۇرگ بىلەن مېيسنېر ئىككىسى يەنە ئەڭ بالدۇر ئايرىلىدۇ. تۈن يېرىمىدا تالادا قار-شىۋرىغان ئۇچۇشۇپ تۇراتتى. تاكسى يولغا چۈشكەندىن كېيىن، مېيسنېر ھەمرايىنىڭ ”بەكلا جىمىپ كەتكەنلىكىنى، كېيىن ئامال يوق، ھىتلېرنى ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرۇشتىن باشقا چارە يوق دېگەنلىكىنى ئېيتىپ، ھىتلېر بۇ ياشنى ئوڭۇشلۇق تۈردە ئۆزىگە قارىتىۋالغاندەك قىلىدۇ“ دەپ ئېيتىدۇ. ئەسلىدە ئەھۋال بۇنىڭدىنمۇ ئاددى بولىشى مۇمكىن. بىر ئېھتىمالدا ھىتلېر ھەممە بىلىپ كەتكەن بىر مەخپىيەتلىكتىن پايدىلىنىپ يوقۇرى تەبىقە كىشىلەر ئارىسىدا ئۇلارنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يېيىۋېتىش بىلەن تەھدىت قىلغان بولىشى مۇمكىن: بۇندىن 6 يىل بۇرۇن، جۇڭكېرلارنىڭ مۈلكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىر مىقدار ”شەرق تەرەپكە ياردەم قىلىش مەبلىغى“ ئايرىغان ئىدى. بۇ قانۇنغا تايىنىپ پرىزدېنت ۋون ھىندېنبۇرگ خېلى كۆپ مىقتاردا پارا ئۈندۈرىۋېلىش بىلەنلا قالماي (خەۋەرلەردىن قارىغاندا بۇ پۇل 620 مىڭ مارك)، يەنە بۇ مەبلەغنى ئوسكارنىڭ نامىغا يازدۇرۇش ئارقىلىق ئېغىر باج تۆلەشتىنمۇ قۇتۇلىۋالغان. ھەتتا ئۆتۈنۈپ بېرىش پۇلىمۇ تۆلىمىگەن. بۇلار ئۇنى تەھدىت قىلىشقا يېتەرلىك دەلىل ئىدى. ئەگەر بۇ ئىشتا گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان تەقدىردىمۇ بەرىبىر ھىندېنبۇرگنىڭ ئابرويىنى تۆكۈشكە يېتىپ ئاشىدىغان دەلىل ھېسابلىناتتى.
پاپېن، ھىتلېرنىڭ ئوسكارغا كۈچلۈك تەسىر قالدۇرغانلىقىنى بىر قاراپلا سېزىۋالىدۇ. ئوسكار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پاپېن فۈھرېرگە ساداقەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ھىتلېرنىڭ باش مىنىستىر بولىشىنى قوللاش ۋەدىسىنى بېرىپلا قالماي، ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئى نەزەر مەن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تەلەپ قىلمايمەن دەپ ۋەدە بېرىدۇ. يوشۇرۇن كۆرۈشۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھىتلېر ھەمرالىرى بىلەن مەغرۇر قەدەملەر بىلەن ماشىنىسىنى قويغان گەرەجگە كىرىدۇ. ئەمما ئۇ شلېيچېرنىڭ ئادەملىرىنىڭ پېيىغا چۈشىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان ئىدى. ئەتىسى سەھەردە، شلېيچېر، مېيسنېرغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى مازاق قىلغان ھالدا مۇنداق دەپ سورايدۇ: ئاخشامقى ئادەم بېشىغا بىر چىنىدىن تارقىتىلغان كەچلىك تاماق كۆڭلۈڭگە ياقتىمۇ؟ گېنېرال شلېيچېر ئۇستا ھېلىمىكىرچى بولغاچقا، ئەندى دەرھال ھەرىكەتكە ئاتلانمىغىنىدا بەكلا كېچىكىپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ ھىندېنبۇرگقا ناتسىستلارنى تېزگىنلەش ئۈچۈن ”ھەربى دىكتاتۇرلۇق“ نى ئىشقا كىرىشتۈرمىسە بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىش ئىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىشى ئۈچۈن ئۇنى ماقۇل قىلىشقا كۈچەپ ئۇرۇنىدۇ. ئەمما شلېيچېرنىڭ تۈگىمەس پىلانلىرىدىن ئۇزۇندىن بېرى زىرىككەن ھىندېنبۇرگ، بۇنداق پەۋقۇلئاددە تەدبىر قوللىنىشنى قەتئى رەت قىلىدۇ.287
شلېيچېرنىڭ ھەربى دىكتاتۇرلۇق يۈرگۈزمەكچى بولىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن مەركەزى پارتىيە شلېيچېرنى خەلق دۈشمىنى دەپ ئېلان قىلىدۇ. ئۇلار، شلېيچېرنىڭ بۇ پىلانى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بىر پىلان بولۇپلا قالماي، ئەينى ۋاقتىدا يەنە ”ئاشكارە توپىلاڭ چىقىرىش“ دەپ ئاشكارە بايانات بېرىشىدۇ. بۇ تۈردىكى قارشى پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن شلېيچېرمۇ، ئەسلىدە مەن ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغان بىر نىيىتىم يوق ئىدى دەپ بايانات بەرگەن بولسىمۇ قىلچە رولى بلمايدۇ. ھەتتا بۇنداق بايانات بېرىشىنىڭ ئۆزىلا چوڭ بىر خاتالىق ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ بۇ باياناتىدىن ھۇگېنبېرگ بىلەن مىللەتچى پارتىيە قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار دەرھال شلېيچېرنى قوللاشتىن ۋاز كېچىدۇ.
ۋەزىيەت تۇيۇقسىزلا بۇ تۈردە ئۆزگىرىش قىلىپ ھىتلېرغا پايدىلىق تەرەپكە قاراپ ئۆزگەرگەچكە، ھىتلېرمۇ  27-يانىۋار كۈنى دەرھال بېرلىنغا قايتىدۇ. ئەمما پايتەختتىكى سۈيىقەست ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئۈمىتسىزلەنگەن ھىتلېر، رىبېنتروپقا بېرلىندىن دەرھال ئايرىلىشىم كېرەك دەيدۇ. ”جۋاچىم ئۇنىڭغا ھۇگېنبېرگ بىلەن بىرلىشىپ مىللەتچى بىرلىكسەپ قۇرۇش تەكلىۋىنى بېرىدۇ. — دەپ يازىدۇ رىبېنتروپنىڭ ئايالى، — ھىتلېر ئۇنىڭغا، مەن مارشالغا دەيدىغان گەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى  دەپ بولدۇم. ئەندى يەنە قوشۇمچە قىلغىدەك گېپىم قالمىدى. — دەيدۇ. جۋاچىم ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغاچ، — ئەڭ ئاخىرقى تەدبىرنىمۇ ئىشقا سېلىشىڭىز كېرەك، ۋەزىيەت تېخى ئۇنچىۋالا ئۈمىدسىزلەنگىدەك ھالدا ئەمەس“ دەيدۇ.
ھىتلېر شۇ كۈنى پاپېن بىلەن سۆزلىشىشكە تەستە ماقۇل بولغان ئىدى. ئەمما كۆرۈشۈشنىڭ بارلىق تەييارلىقلىرى پۈتكەن بىر ۋاقتىدا ئەركىن سۆزلىشىش ئىمكانىيىتى يوقلىقىنى باھانە قىلىپ كۆرۈشۈشتىن يېنىۋالىدۇ. ئۇ نېمە دەركىن دەپ، چوقۇم بېرلىندىن ئايرىلىمەن دېگەن بولسىمۇ، ئەمما باياناتىدا يەنىلا رىبېنتروپنىڭ ئۆزىگە ۋاكالىتەن پاپېن بىلەن كۆرۈشۇشكە قوشۇلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن ئىدى. شۇ كۈنى ئاخشىمىقى كۆرۈشۈشتە، رىبېنتروپ بىردىن بىر ھەل قىلىش چارىسى — ھىتلېرنى باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەش، دېگىنىگە پاپېننى مىڭ تەستە قايىل قىلىدۇ. ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن پاپېن بۇ پىكىرنى ھىندېنبۇرگقا يەتكۈزىدۇ. ئەمما مارشال بۇنىڭدىن ئارسالدا بولۇپ ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيدۇ. بىر قانچە ئايدىن بېرى، ھىتلېرنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەڭ دەيدىغان تەلەپلەر رەسمى بىر دولقۇن بولۇپ بېشىنى ئاغرىتىپ كەلمەكتە ئىدى. تېخى يېقىندىلا ئوغلىمۇ ئەنە شۇنداق خۇلاسىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. گەرچە بۇ مارشال بۇ ”چېخ ئونبېشى“ غا قارىتا — ھىندېنبۇرگ ھىتلېرنى دائىم شۇنداق دەپ ئاتايتتى — يەنىلا قاتتىق يىرگىنىپ يۈرەتتى. قارىغاندا، بۇ ياشانغان كىشى ئاخىرى ھىتلېرغا ماقۇل بولمىسا بولمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى.
بۇ چاغدا، شلېيچېر ھۆكۈمەت كابېنتىنى يىغىپ يىغىن ئاچىدۇ: ئۇ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە، ھىندېنبۇرگقا بۇيرۇق چىقىرىپ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىڭ دەپ يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىپ بېقىش ئويىدا ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمسا، ھۆكۈمەت باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۇ پرىزدېنت ھىندېنبۇرگنىڭ قوبۇل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىننى ۋاقىتلىق توختىتىدۇ. بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش ئارانلا 10 مىنۇت داۋام قىلىدۇ. ھىندېنبۇرگتىن پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلالارسىزمۇ دەپ سورىۋىدى، پرىزدېنت ئۇنىڭغا ”ياق، ئۇنداق قىلالمايمەن!“ دەپ كېسىپلا ئېيتىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي شلېيچېر، ئۇنداقتا بىردىن-بىر چارە ھىتلېرنىڭ ھۆكۈمەت كابېنتى تەشكىللىشىگە ماقۇل بولۇش يولىلا قالدى دەيدۇ. ھىندېنبۇرگ، شلېيچېر ھۆكۈمىتى كۆپ سانلىقنىڭ ماقۇللىقىنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. بەلكىم ئۇ سابىق ئون بېشى گېرمانىيىنى مۇقىملىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ سانلىق قوللىغۇچىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش چارىسىنى قىلالىشى مۇمكىن دەپ، شلېيچېر ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاندىن غەزەپلەنگەن ھالدا ئۆز-ئۆزىگە: بۇ مەسىلە ئۈستىدە داۋاملىق تالاش-تارتىش قىلىشتىن زىرىكتىم دەپ غۇدۇڭشىيدۇ.
ھىندېنبۇرگ پۈتۈنلەي ھارغىن بىر قىياپەتتە: ”قارار قىلماقچى بولغان بۇ ئىشنىڭ توغرا بولۇپ-بولمىغانلىقىنى مەنمۇ بىلەلمىدىم. — دەيدۇ بوۋاي يوقۇرىغا ئىشارەت قىلىپ باش مىنىستىرغا، — قەدىرلىك شلېيچېر، بۇ قارارىمنىڭ توغرا بولۇپ-بولمىغانلىقىنى ئۇ ئالەمگە بارغان ھامان بىلەلىشىم مۇمكىن. مەن دېگەن بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان بىرسىمەن. ئۇ ئالەمگە بارغىنىمدا قىلغان ئىشلىرىمدىن پۇشايمان قىلىش-قىلماسلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن.“
”مېنىڭچە، جانابلىرى، — دەيدۇ شلېيچېر ئېچىتىپ تۇرۇپ، — بۇ قېتىمقى خائىنلارچە قوزغىلاڭدىن كېيىن سىزنىڭ ئۇ ئالەمگە قاراپ سەپەر قىلىش-قىلالماسلىقىڭىزغىمۇ بىر نېمە دېيىش تەستەك قىلىدۇ.“288
گۈگۈم چۈشۈشتىن بۇرۇن پاپېن بىلەن ئوسكار، مېيسنېرلار بىرلىكتە يەنە بىر قېتىم پرىزدېنت كابېنتىغا كېلىدۇ. ھىندېنبۇرگ پاپېننى باش مىنىستېرلىققا تەيىنلەش تەكلىۋىنى قايتا ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ بۇ ئۈچ نەپەر مەسلىھەتچى بىرلىكتە، بىردىن-بىر چارە ھىتلېر، دەپ تەكىتلىشىدۇ. ”ئۇنداقتا، ھەر قانچە ئۆچلۈك قىلساممۇ ھىتلېر دېگەن بۇ نەرسىنى تەيىنلىمەكتىن باشقا چارە يوق ئوخشىمامدۇ؟“ دەيدۇ بوۋاي گۇڭۇلدىغىنىچە. شۇنداقتىمۇ، قۇرۇلىدىغان يېڭى ھۆكۈمەت كابېنتىدا چوقۇم گېنېرال ۋېرنېر ۋون بلومبېرگ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىشى شەرت دەپ چىڭ تۇرىدۇ. ھىندېنبۇرگ، بۇ ئادەمنى ”يېقىملىق مۇئامىلە قىلىدىغان، سىياسەت بىلەن كارى بولمايدىغان، ھەربىلىككە قاتتىق ئىشتىياق باغلىغان ئادەم“ دەپ قارايتتى. شۇنىڭدەك يەنە مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىقنى پاپېن ئۈستىگە ئالىدىغان بولىشى شەرت دەپ تەكىتلەيدۇ. ئەندىكى ئىش، بۇ نامزاتلارنى ھىتلېرغا قانداق قىلىپ قوبۇل قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە قالغان ئىدى.
ئەتىسى، يەنى يەكشەنبە چۈشتىن بۇرۇن، پاپېن ھىتلېرنى قوبۇل قىلىدۇ. ھىتلېر شەرتلەرگە پۈتۈنلەي ماقۇل كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ _ شۇنداقتىمۇ ئۆز تەلىۋىنى ئوتتۇرغا قويۇشتىنمۇ يانمايدۇ: يېڭىدىن ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزۈش، ھەمدە تولۇق ھوقۇقلۇق بولۇش پەرمانىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا بۇرۇنقى كايسېرلەرنىڭ ھوقۇقىدىنمۇ ئارتۇق باش مىنىستىرلىق ھوقۇقى بېرىلىش شەرتىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. چۈشتىن كېيىن بولغاندا، پاپېن ھىندېنبۇرگقا دوكلاد قىلىپ ھەرقايسى تەرەپلەر بۇنداق بىر يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشقا ماقۇل كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ، ھىتلېرنىڭ قايتىدىن ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزۈش تەلىۋى بارلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ تەلىۋىنى مۇۋاپىق تەلەپ دەپ قارايدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قويىدۇ. ئاندىن ھىتلېرنىڭ ۋەدىسىنى تەكىتلەپ، بۇ قېتىمقى سايلام ئاخىرقى سايلام بولۇپ قالغۇسى دەيدۇ.
بۇ خەۋەرنى ئالغان گيۆرىڭ خوشاللىقىدىن يايراپ كېتىدۇ. ئۇ دەرھال گيوبېلسنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ (ھىتلېر ئۇ يەردە قەھۋە ئىچىپ ئولتۇراتتى). بۇ خوش خەۋەرنى بىرىنچى بولۇپ ھىتلېرگە ئۇقتۇرىدۇ. گيوبېلسنىڭ شۇ كۈنكى خاتىرىسىدە يېزىلىشىچە، ئۇلار ئۈچىسى خوشاللىقىدىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ كېتىشكەن. ئاندىن ئۇلار قوزغىلىپ قىزغىنلىق بىلەن قول ئېلىشىپ ئۆزئارا بىر-بىرىنى تەبرىكلەشكەن. ئۇلار ئۈچىسى بىر-بىرسىنىڭ قولىنى قويىۋەتمەي توپلىشىپ تۇرغىنىدا، ماگدا گيوبېلس خانىم يېڭىلا دوخاپكىدىن چىققان بىر لېگەن مېۋىلىك تورتنى كۆتۈرۈپ كىرىپ بۇ قىزغىن مەنزىرىنى تېخىمۇ قىزىتىپ بېرىدۇ. تۇيۇقسىزلا بىرسى، ئەگەر ھىندېنبۇرگ فۈھرېرنى باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەيدىكەن، چوقۇم ھەربىلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ دەپ شلېيچېرنىڭ خەۋىرىنى كەلتۈرىدۇ. قىزغىن تەبرىكلەشلەر دەرھال جىمىيدۇ. ھىتلېر بىلەن گيۆرىڭ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تېپىرلاپلا قالىدۇ. ئەمما پوتىسدام بىلەن بېرلىن ھەربى گازارمىسىدىكى ئىشەنچىلىك ئادەملىرىنى تېپىپ ھەربى قىسىملارنىڭ جىددى ھالەتكە ئۆتۈپ-ئۆتمىگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىش ھېچ كىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن ئىدى. ئەكسىنچە، ھىتلېر دەرھال بېرلىندىكى ھۇجۇمچىلار ئەترىتى قۇماندانىغا تېلېفون قىلىپ شۇ يەردىكى بارلىق ئېس-ئاچىلارنى جىددى ھالەتكە ئۆتكۈزۈش بويرۇقىنى بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىملەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشىمىز كېرەك؟ سورايدۇ ھىتلېر. بۇنىڭغا يەنە ئۆزى جاۋاب بېرىپ، پاپېن، ئوسكار ۋون ھىندېنبۇرگ ۋە مېيسنېرلارنى خەۋەرلەندۈرەيلى دەيدۇ. گيوبېلس بىلەن گيۆرىڭ ئىككىسى ۋەزىپە ئادا قىلىش ئۈچۈن ئالدىراپ چىقىپ كېتىۋاتقىنىدا ھىتلېر ناتسىست بىر ساقچى مايورىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا ”6 باتالىيون ساقچى قىسىمىنى ۋىلھېلم كوچىسىنى ئىشغال قىلىشقا تەييار ھالغا كەلتۈرۈش“ يوليورۇقىنى بېرىدۇ. ئاخىرىدا، جەنىۋەدىن پويىزلىق قايتىپ كېلىۋاتقان دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرىگە تەيىنلىنىدىغان گېنېرال ۋون بلومبېرگكە بېرلىن پويىز ئىستانسىسىدا پويىزدىن چۈشىشى ھامان دەرھال پرىزدېنت مەھكىمىسىگە بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش قەسىمى قىلىشنى ئېيتىدۇ. شۇنداق بولغاندا ھەر قانداق بىر قۇراللىق قوشۇنلار توپىلىڭنى باستۇرۇشقا تەييار ھالغا كەلگىلى بولاتتى.
ھەربىلەرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشى ھەققىدىكى گەپلەر دەرھال ھۆكۈمەت ئىچىگە تارقىلىپ، پايتەخت پۈتۈن بىر كېچە ئەنسىزلىك ئىچىدە قالىدۇ. ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، يەنى 30-يانىۋار دۈشەنبە كۈنكى پاراكەندىلىكتە پاپېننىڭ سارىيىدا يەنە بىر قېتىم قاتتىق مۇنازىرە قوزغىلىپ كېتىدۇ. مىللەتچىللەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان ھۇگېنبېرگ ھىتلېرنىڭ يېڭىدىن ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزۈش تەلىۋىگە قەتئى قارشى چىقىدۇ.289 قارىغاندا، بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئۆمۈرى ئۇزۇنغا بارالمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى. ھۇگېنبېرگ ئۇزۇنغىچە چىڭ تۇرۇپ تالىشىپ تۇرىۋالىدۇ. پاپېن ئۈمىدسىز بىر ھالدا ۋارقىرايدۇ: ”ئەگەر سائەت 11 غىچە يېڭى ھۆكۈمەت يەنىلا قۇرۇلۇپ بولالمايدىكەن، ھەربىلەر قوزغىلىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا شلېيچېر ھەربى مۇستەبىتلىكنى تىكلىۋېلىشى تۇرغانلا گەپ!“ ھۇگېنبېرگ، ”بۇ خەۋەرنى نەدىن ئالدىڭ؟“ دەپ سورىۋىدى، پاپېن تىت-تىت بولغان ھالدا ۋارقىراپ ئېيتىدۇ: ”كىچىك ھىندېنبۇرگ شۇنداق دەيدۇ!“
دەل شۇ ۋاقىتتا، پاپېننىڭ سارىيى سىرتىدىن ”خايىل!“ دېگەن ئاۋاز كېلىپ، كەينىدىنلا ھىتلېر بىلەن گيۆرىڭ كىرىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا سائەت 10 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەن ئىدى. پاپېن، ھەممەيلەن بىرلىكتە باش مىنىستىرلىك سارىيىغا ماڭايلى دەپ تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇلار قېلىن قار قاپلاپ كەتكەن باش مىنىستىرلىق سارىيى گۈللۈكىدىن ئۆتۈپ مېيسنېرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىدۇ. ئۇ يەردە، قالغان مىنىستىر نامزاتلىرىغا يولۇقىدۇ. ھەممەيلەن پرىزدېنت كابىنتىغا كىرىشنى كۈتىۋاتقان پەيتتىن پايدىلىنىپ پاپېن ئومۇمى سايلام مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
”ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزۈش دېدىڭىزمۇ؟“ ھۇگېنبېرگ بۇنداق گەپكە ئەندى ئورۇن يوق دەيدۇ. ھىتلېر ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، فۈھرېرنىڭ يالۋۇرۇشلىرى ئۇنى تېخىمۇ چىڭىتىۋېتىدۇ. ھىتلېر بۇ ياشانغان كىشىنىڭ قولىدىن تۇتقىنىچە، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ دەپ نەسىھەت قىلغاچ سايلام نەتىجىسى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر، ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى ئۆزگەرتمەيمىز دەپ ۋەدە بېرىدۇ. ئەمما بۇ قېرى يەنىلا ”ياق“ دەپ تۇرىۋالىدۇ.
دەل شۇ پەيتتە، مېيسنېر كىرىپ ”ئەپەندىلەر، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن 5 مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى. — دەيدۇ، — پرىزدېنتمىز ۋاقىتقا بەكلا دىققەت قىلىدۇ.“ پاپېن، ئىشلار مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقىنىدا بۇ بىرلەشمىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالغان ئىدى. ”جانابى كابىنت ۋەزىرى ئەپەندى. — دەيدۇ ئۆتۈنۈش بىلەن، — سىز، مىڭ بىر بالالاردا كىلىشىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن ۋەتەن بىرلىكىنى دوغا تىكىشنى ئويلىمايدىغانسىز ھەر ھالدا؟ سىز بىر نېمىسنىڭ تەنتەنىلىك بىلەن بەرگەن ۋەدىسىدىن گۇمان قىلمايدىغانسىز؟!“
ھۇگېنبېرگ يەنىلا ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرىدۇ. ئۇ، بۇنىڭغا چىدىماي سائەتىگە قارىغىنىچە ئالدىراش چىقىپ كېتىۋاتقان مېيسنېرنى كۆرۈپ ئاندىن جىمىيدۇ. ”پرىزدېنت ئۆزىنى بەك ساقلىتىۋەتمەڭلار دەيدۇ. — ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ، — ھازىر سائەت 11 دىن چارەك ئۆتتى. بوۋاينىڭ ئىشخانىدىن ئايرىلىشىنى خالامسىلەر بولمىسا، تېزىراق بولايلى!“
ھىتلېر يەنە بىر قېتىم ھۇگېنبېرگنىڭ قولىنى سىقىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ مەركىزى پارتىيىسى ۋە باۋارىيە خەلق پارتىيىسى بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ پارلامېنت كۆپ سانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ كەڭىرى ئاساسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھۇگېنبېرگ ئۇنىڭغا، ئۇنداقتا بۇ ئىشقا ھىندېنبۇرگ قارار قىلسۇن دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىگە بەلكىم مېيسنېرنىڭ پات-پاتلا قولىدىكى سائەتىنى كۆرسەتكەنلىكى سەۋەپ بولدى ھەقىچان. ھىتلېرمۇ دەرھال بۇنىڭغا قوشىلىدۇ. بۇ چاغدا گيۆرىڭ ۋارقىرايدۇ: ”ئىش پۈتتى!“ شۇنداق قىلىپ ئۇلار قاتارلىشىپ پرىزدېنت كابىنتىغا كىرىدۇ.
ھىندېنبۇرگ ھىتلېرغا ئۆچلىكىدىن ئۇنىڭ باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەنگەنلىك قارارىنى ئۆز ئاغزىدىن بەرمەيدۇ. باش مىنىستىرنى كۆزگە ئىلمايدىغان بۇنداق مۇئامىلە تۇنجى قېتىم كۆرۈلىۋاتاتتى. ھىندېنبۇرگ، يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەت كابىنتىنى تەبىرىكلەش سۆزىنىمۇ سۆزلىمەيدۇ. ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ كەلگۈسى ۋەزىپىلىرىنىمۇ بايان قىلماي ئىشنى تۆگىتىدۇ. قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمى خۇددى مەجبۇرى نىكاھ قىلىنغاندەك بەكلا ئاددى ئۆتىدۇ. ئەمما ھىتلېر، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇنداق بىر پەيتتە ئۈن-تۈنسىز چىقىپ كېتىشكە كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. شۇڭا ئۇ، بۇ يەردە بىر نۇتۇق سۆزلىۋېتىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن ھەممە ھەيران قالىدۇ. ئۇ، ۋېيمار ئاساسى قانۇنىنى قوغدايمەن دەپ تەنتەنە بىلەن جاكارلىغاندىن كېيىن، پارلامېنتتا كۆپسانلىق ئاۋازنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ، پىرىزدېنتنىڭ جىددى ھالەت بۇيرۇققا قول قويىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.290 شۇنىڭدەك يەنە، ئىقتىسادىي كرىزىس مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىپ پاجىئەلىك تالاش-تارتىشلار نەتىجىسىدە پارچىمۇ-پارچە بۆلىنىپ كەتكەن گېرمانىيىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ قايتا بىرلىككە كەلتۈرۈدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ سەل تۇرىۋېلىپ ھىندېنبۇرگنىڭ بۇنىڭغا بىرەر ئىپادە بىلدۈرۈشىنى كۈتۈپ باقىدۇ. ئەمما بۇ مارشال خۇددى ئەندى قىسىملار تارقالسا بولىدۇ دېگەندەك قىياپەتتە، ”بۇندىن كېيىنكى ئىشىڭلار ئەپەندىلەر، تەڭرىگە باغلىق!“ دەيدۇ. خانۇسسېننىڭ ئالدىن ئېيتقان پەرىزىنى ئەمەلگە ئاشتى دېيىشكە بولاتتى، ئەگەر دېگىنىنى پەرەز دېيىشكە بولغىنىدا. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ ئوقۇمىغان، گۈزەل سەنئەتلەر ئىنىستىتۇتىغىمۇ قوبۇل قىلىنمىغان، ۋيېننا كوچىلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بۇ ئادەم، 1933-يىلى 30-يانىۋار كۈنى، گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ھىتلېر كۆڭلى چېچىلغان ھالدا پرىزدېنت كابىنتىدىن ئايرىلىدۇ. دەل شۇ چاغدا خوفماننى كۆرىدۇ. ئەسلىدە ئۇ خوفماننى قەسەم بېرىش مۇراسىمىنىڭ رەسىمىنى تارتقۇزۇش ئۈچۈن بىرگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ھىتلېر ئۇنىڭ چوققىسىغا ئۇرۇپ قويۇپ ۋارقىراپ كېتىدۇ: ”ئاھ تەڭرىم، قارىمامسەن، مەن سېنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغىنىمنى. ئەندى بەكلا كېچىكتىڭ خوفمان!“ ئۇ دەرھال كايسېرخوفقا قايتىپ كېتىشى لازىم بولىۋاتقاچقا، يېڭى كابېنت ئەمەلدارلىرىغىمۇ بىر نېمە دېيىشكە ۋاقت چىقىرالمايدۇ. ئۇ ماشىنىسىدا تىك تۇرغىنىچە ئۆزىنى تەبرىكلەشكە كەلگەن كىشىلەر توپى ئىچىدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ مورتلىرى تولا توۋلىشىپ ئاۋازلىرىمۇ پۈتۈپ كەتكەن ئىدى. ”بىز ئۇتۇپ چىقتۇق!“ ئۇ مېھمان كۈتۈشتە ساقلاپ تۇرغان سىرداشلىرىغا تەنتەنە بىلەن ۋارقىرايدۇ. كىشىلەر غۇژژىتە كېلىپ ئۇنى ئورىۋېلىشىدۇ. ئۇ ئەر-ئايال خىزمەتچىلىرى بىلەن، چوڭ كاپىتالىست ۋە ئۇلارنىڭ خانىملىرى بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ چىقىدۇ.
بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەن تەڭ، گېرمانىيىنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرى ھەر تۈرلۈك باھالاردا بولىشىدۇ. مۆتىدىل تەرەپتىكى كىشىلەر قورققىنىدىن پۇت-قولىدا جان قالمايدۇ. ئادەتتىكى نېمىسلار بولسا بۇلتۇرقى پارلامېنت قالايماقانچىلىقىغا قارىغاندا ھەر نېمە دېگەن بىلەن بۇ قېتىمقىسى نىسبەتەن ياخشىراق دېيىشەتتى. غايىلىق ياشلار، ئىشىدىن ئايرىلىپ قالغان كاسىپلار، ئېغىر غەم ئىچىدە قالغان ۋەتەنپەرۋەرلەر، شۇنىڭدەك مىللەتچىلەر بولسا بۇ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىدىن بەكلا خوشال ئىدى. ئۇلارنىڭ خىياللىرى ئىشقا ئېشىش ئالدىدا ئىدى. ميۇنخېندا بولسا، ئېگون خانفىستايىنگىل ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ سىنىپىغا كىرىپ بۇ خەۋەرنى ۋارقىرىغىنىچە ئېلان قىلىدۇ. ”كۇرت! — ئۇ بىر دوستىغا قاراپ ۋارقىرايدۇ، — بىز غەلىبە قىلدۇق! بىز ھوقۇقنى قولغا كەلتۈردۇق!“ ئۇ بۇ گەپنى دەپ بولۇپلا كۇرتنىڭ بىر يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالىدۇ. كۇرتمۇ شۇنداقلا بىر كۈلۈپ قويۇپ، ”سېنىڭ ئۈچۈن خوشالمەن دوستۇم، مەنمۇ سىلەرنىڭ قاتارىڭلاردىن بىرى بولۇشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلار ئىدىم“ دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
ئادولف ھىتلېرنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز كۆتۈرلۈپ چىقىشىغا بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەنلەر يەنىلا شۇ بېرلىندىكى قوڭۇر كۆڭلەكلىك تەرەپتارلار ئىدى. ئۇلار شۇنچە ئۇزۇن يىل مابەينىدە بەكلا نامرات تۇرمۇش كۆچۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇلار يەنە پايتەخت كوچىلىرىدا ئۆلۈم خەۋىپىگە قارىماي دائىم دېگىدەك فۈھرېرىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللىنىپ كەلمەكتە ئىدى. مانا ئەندى، ئۇلارنىڭ غايىلىرىمۇ بىراقلا ئەمەلگە ئاشقان ھېسابلىناتتى. شۇنداقتىمۇ مۇتلەق كۆپ كىشىلەر بۇ ئاخشام مەشئەل كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىدىغانلىقىنى گېزىتلاردىنلا خەۋەر تاپىدۇ.
بەستلىك قاۋۇل ئېس-ئاچىلار بىلەن ئېس-ئېسچىلارنىڭ ھەممىسى رەسمى ئۈنفورمىلىرىنى كىيىپ كوچىغا چىقىدۇ. خېلى كۆپ كىشىلەر بۈگۈن يەنە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بېرىدىغان بولدى دەپ قاراشقان بولسىمۇ، ئۇلار ساقچىلارنىڭمۇ خوشال، چىرايىدىن تەبەسسۈم يېغىپ تۇرغانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ مەيدىسىگە كرىست بەلگىلىك ئىزنەكلەرنى تاقاپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشىدۇ. ھۇجۇمچىلار ئەترىتىدىكىلەر مەشئەل كۆتۈرۈشۈپ گۈگۈم ۋاقتىدىن باشلاپلا تيېرگارتېندىن يولغا چىقىپ، قەدەملىرىنى ئوركىسترانىڭ ھەربى مارشقا تەڭكەش قىلىپ ئىنتايىن رەتلىك شەكىلدە قاتارلىشىپ براندېنبۇرگ دەرۋازىسىدىن ئۆتىدۇ. مىڭلىغان دۆلەت مۇداپىيە ئەسكەرلىرىمۇ ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلىدۇ. ۋاقىت سائەتلەپ ئۆتمەكتە، ئۇلار «ۋېسسېل ئورمىنى» مارشى بىلەن باشقا مارشلارنى توۋلاشقىنىچە رەتلىك شەكىلدە ۋىلھېلم چوڭ كوچىسىدىن ئۆتىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن ھىندېنبۇرگقا سالام كەلتۈرىدۇ. ھىندېنبۇرگ پرىزدېنت مەھكىمىسىنىڭ دېرىزىسىدە نامايىشچىلارنى كۈزەتمەكتە ئىدى. بىر ئازدىن كېيىن، نامايىشچىلار ھىتلېر تۇرغان پەنجىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا سالام بېرىدۇ. ھىتلېر باش مىنىستىر مەھكىمە بىناسىنىڭ بىر دېرىزىسىدە تۇرغىنىچە قاتتىق ھاياجان ئىچىدە مەشئەلچىلەرنى كۈزەتمەكتە ئىدى.
ۋىلھېلم كوچىسىنىڭ ئىككى ياققىسىدىكى دەرەخلەر يامىشىۋالغان بالىلار بىلەن تولغان ئىدى.291 ئۇششاق بالىلارمۇ خۇددى ئۈزۈم تاللىرىدەك تۆمۈر رىشاتكىلارغا يامىشىپ چىقىشاتتى. بۇ قەھرىتان سوغۇق كېچىدە مەشئەل يالقۇنى پۈتۈن كېچە قاراڭغۇلۇقىنى كۈندۈزدەك يۇرىتىۋەتكەن بولۇپ، كۆرگەن كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ھاياجانغا سالاتتى. بارابان ئاۋازلىرىمۇ قولاقنى يارغىدەك ياڭرايتتى. قىزغىن مەنزىرە بارغانسىرى يوقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇستا ئارتىس بولغان گيوبېلس تەرىپىدىن ئالدىن رىپىتىس قىلىپ ئوينالغان ئۇيۇنلار ئىدى.  ھەتتا ھىتلېرمۇ ھەيران بولۇپ يېنىدىكىلەردىن سورايدۇ: ”قىسقىغىنە بىر قانچە سائەت ئىچىدە بۇ ئون مىڭلارچە مەشئەلنى نەدىنمۇ تاپقاندۇ؟“ ئۇ پاكىنەك دوكتور يەنە رادىئو ئىستانسىسىنىمۇ تېزگىنلىۋالغان ئىدى. ئۇ نەق مەيدان ئاڭلىتىش بېرىپ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى بۇ مەشئەل نامايىش مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندۇرماقتا ئىدى.
پاپېن، ھىتلېرنىڭ كەينىدە تۇرغىنىچە بۇ مەشئەل نامايىشىنى كۈزىتىدۇ. ئۇ، بۇ نامايىشچىلارنىڭ ھىندېنبۇرگ تۇرغان دېرىزە ئالدىغا كەلگىنىدە ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سالام بەرسە، ھىتلېر بار پەنجىرىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغان ھالدا تەنتەنە قىلىپ كېتىشكەنلىكىنى سېزىدۇ. ”ئوتتۇردىكى پەرق ھەقىقەتەنمۇ بەكلا روشەن ئىدى، بۇ خۇددى ئۆلىۋاتقان ھۈكمىرانلىقتىن يەپ-يېڭى ئىنقىلابى كۈچ تۇغۇلىۋاتقاندەك بىر مەنزىرىنى ئەسلىتەتتى. … بۇ ھەقىقەتەنمۇ بەكلا ئاجايىپ بىر تەسىرات. بۇ يەردە مەڭگۈ توختىمايدىغان غەلىبە ئالقىش سادالىرى ياڭرىماقتا، تەبرىكلەيمىز! تەبرىكلەر! غالىبىيەتنى تەبرىكلەيمىز! دېگەن سادالار خۇددى قانداقتۇ بىر ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالىدەك قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدىلا جاراڭلاۋاتقاندەك قىلاتتى.“ ھىتلېر بۇرۇلۇپ پاپېن بىلەن پاراڭلاشقىنىدا ئاۋازى بۇغۇلۇپ قېلىۋاتاتتى. ”ۋون پاپېن ئەپەندىم، ئۈستىمىزدىكى ۋەزىپە ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر! مەقسەتكە يەتمىگەچە ھەرگىز بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلمايلى.“
كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ كېچىدە، ئادۋوكات خانس فرانكمۇ ھىتلېرنىڭ كەينىدە تۇراتتى. ”تەڭرى بىلىدۇكى، شۇ كۈنى قەلبىمىز ھەقىقەتەنمۇ ساپ ئىدى. — دەيدۇ فرانك كېيىن دارغا ئېسىلىش ئالدىدا، — ئەگەر شۇ كۈنى بىرەرسى قوپۇپ بىزگە كەلگۈسىدە بېشىمىزغا بۇنداق كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتسا ئىدى، ئۇنداق گەپلەرگە ھېچكىم ئىشەنمىگەن بولار ئىدى. ئۇنداق گەپلەرگە ئەڭ ئالدى بىلەن ئىشەنمەيدىغانلاردىن بىرى دەل مەن ئىدىم. شۇ كۈنى ھەقىقەتەنمۇ پارلاق، ھەقىقەتەنمۇ بەخىتلىك بىر كۈن بولغان ئىدى.“ تۆۋەندە غەلىبىنى تەنتەنە قىلىشىۋاتقان كىشىلەر خوشاللىقىدىن ھاياجانلىنىپ كۆز ياشلىرىنى تۇتىۋالالماي قېلىشقان ئىدى. ”ھەممە كىشى ئوخشاش ھېسسىياتتا كەلگۈسىمىز پارلاق دەپ ئويلايتتى. — دەيدۇ ئىلگىرى ستېننېس بىلەن بىرلىكتە توپىلاڭغا قاتناشقان قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەر ئەزاسى بولغان بىرسى ئۆز ئەسلىمىسىدە، — شۇ پەيتتە، تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئىمكانىيىتى يوق. ئەمما ئۇلار چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئىشىنەتتى. ئۇلار باشقىلاتىن ئۈمىدۋار ھالغا كەلگەن ئىدى. مېنىڭچە بولغاندا، شۇ كۈنلەردە گېرمانىيە خۇددى ھىتلېرغا ئوخشاش بىزگە ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە سۆيگۈ بەخىش ئېتەلەيدىغان باشقا بىرسىنى ئوتتۇرغا چىقىرالمىغان ئىدى.“
”ئۇ ئاخشىمىقى غەلىتە تۇيغۇلىرىمدىن بەزىلىرى تا بۈگۈنگىچە ماڭا ھەمرا بولۇپ كەلمەكتە. — دەپ يازىدۇ شۇ چاغدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە نامايىشقا قاتناشقان مېلىتا ماشمان، — شۇ كۈندىكى ئاجايىپ ئاياق تاۋۇشلىرى، قارا-قىزىل رەڭلەردىكى بايراقلاردىن شەكىللەنگەن ھەشەمەتلىك مەنزىرىلەر، كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىدىن ئەكىس ئېتىۋاتقان مەشئەل جىلۋىسى، شۇ ۋاقىتتا نېمە دېگەن ھاياجانلىق، نېمە دېگەن سەمىمى كۆرۈنۈشلەر ئىدى-ھە! ئەمما بۈگۈن كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە ئۇ كۆرۈنۈشلەر ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنىشلىق ناخشا سادالىرى ئىكەندۇق. …“ مۇتلەق كۆپ ساندىكى چەتئەللىك كۈزەتكۈچىلەر بۇ ئەھۋالنى ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ دەپ قاراشقان ئىدى. ”ئوت دەرياسى فرانسىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئېقىن بولۇپ ئۆتىۋاتقىنىدا، — دەپ يازىدۇ فرانسىيە باش ئەلچىسى فرانچويىس پونسېت — مەن ئىنتايىن ئېغىر غەم ۋە قورقۇنۇشلۇق سەزگۈلەر ئىچىدە بۇ ئوت يالقۇنىنى كۈزەتمەكتە ئىدىم.“
شۇ كېچىسى، ھېس، گيۆرىڭ، گيوبېلس، رۆم ۋە فرانك قاتارلىقلار  ھىتلېر بىلەن بىرگە كىچىك بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ كېچىلىك تاماققا ئولتۇرىدۇ. ھىتلېر ھاياجاندىن توختىماي سۆزلەيتتى. ”بۈگۈن بىر قىسىم چەتئەللىك كىشىلەر مېنى ’خرىستوسقا قارشى‘ تۇردى دېيىشمەكتە. ئەسلىدە، مېنىڭ بىردىن-بىر قارشى تۇرىدىغان ئادىمىم لېنىن. — دەيدۇ فرانكنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا، ھىندېنبۇرگنى ئۆز تەرىپىگە تارتىپ كېلىشنى ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. — بۈگۈن ئۇنىڭغا، ھازىر مەن باش مىنىستىر بولساممۇ سىز مېنىڭ قەلبىمدە خۇددى بۇرۇنقىدەكلا بىر قەھرىمان ھېسابلىنىسىز. مەن سىزنىڭ ئەسكىرىڭىز بولغان ۋاقتىدىكىگە ئوخشاشلا سىزگە سادىق بولىمەن دېگىنىمدە بوۋاي بۇ گېپىمدىن بەكلا خوشال بولۇپ كەتتى،“ دەيدۇ. ئۇ تىنماي سۆزلەيتتى.292 ئۇ گەپنى بىراقلا كوممۇنىزم تەرەپكە بۇرىدى. ”بۈگۈن، 'قىزىل بېرلىن' دېگەنگە خاتىمە بېرىلگەن كۈن. كىشىلەر ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە باشقا چىقىش يولى تاپالمىغىنىدىلا ئاندىن 'قىزىللىشىش' يولىغا كىرىپ قالىدۇ. ئۆزلىرىنى ئادەتتە بىز خەلقنىڭ ھىمايىچىلىرىمىز دېيىشىۋالغان كىشىلەر يەنە كېلىپ خەلققە ئەڭ بەك ئەدەپسىز مۇئامىلىدە بولىدىغانلاردۇر. خەلقنىڭ ھېسسىياتى خېلى كۆپ جەھەتلەردە ئاياللارنىڭ ھېسسىياتىغا ئوخشايدۇ. — كۆپچىلىك سىرتقا چىقىپ گۈللۈكتە كېتىۋاتقىنىدىمۇ ھىتلېرنىڭ ئاغزى بېسىقمىغان ئىدى. — بۇ باش مىنىستىر مەھكىمىسى، — دەيدۇ ھىتلېر، — خۇددى بىر كۇبا تاماكا قۇتىسىغىلا ئوخشاپ قالغان. مېھمان كۈتۈشكىمۇ قەتئى ماس كەلمەيدىكەن. شۇڭا بىز بۇ يەرنى پۈتۈنلەي يېڭىلاپ چىقىشىمىز كېرەك.“
شۇ ئاخشىمى، ئىچ-ئىچىدىن خوشال بولۇپ كەتكەن گيوبېلس مۇنداق دەپ خاتىرە قالدۇرىدۇ: ”بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر چۈشكە ئوخشايتتى. … خۇددى چۆچەكلەردىكىدەكلا بىر كۈن. … يەپ-يېڭى بىر ئىمپىرىيە دۇنياغا كەلدى. 14 يىللىق تىرىشچانلىق ئاخىرى ئۆز مىۋىسىنى بەردى. گېرمانىيە ئىنقىلابى رەسمى باشلاندى!“ ئەمما شۇ كۈنى ئاخشىمى، بۇ نوقتىنى گېرمان خەلقى ئارىسىدا بەكلا ئاز كىشى ھېس قىلالىغان ئىدى. بەلكىم ھېينرىخ ھېين بىر ئەسىردەك ۋاقىت بۇرۇن يېزىپ قالدۇرغان ئالدىن پەرەز خاراكتېرىدىكى مۇنۇ گەپلەرنى بەلكىم ھېچكىممۇ ئېسىگە كەلتۈرەلمىگەن بولسا كېرەك؟ ”گېرمانىيىدە ياڭرايدىغان گۈلدۈرماما ساداسى ھەقىقى گېرمانلارنىڭ ساداسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ سادانىڭ ياڭرىشى ئۈچۈن كۈتەيلى. ئەمما ئۇ سادا چوقۇم پارتىلاپ چىقىدۇ؛ بۇ گۈلدۈرماما ئاۋازى ياڭرىغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ كۈچى مىسلىسىز بولۇپ، خۇددى تارىختا پەقەتلا ئاڭلىنىپ باقمىغان بىر ئاۋازغا ئايلىنىدۇ. بۇنداق بىر پەيىت چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ. … شۇ چاغدا ئوينىلىدىغان بىر مەيدان فرانسىيە ئويۇنىنى كىچىك بىر مىسىرالىق ئويۇن ئورنىغىلا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. … بۇنىڭدىن گۇمان قىلىش ھاجەتسىز؛ بۇنداق بىر پەيىت چوقۇم كېلىدۇ.“


11. ئېزىپ كېتىش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:07 , Processed in 0.371256 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش