- جۇغلانما
- 200

بايلىق- 123 دانە
شۆھرەت- 0 سەر
ئوقۇغۇچى
|
14. جۆيلۈپ قىلىنغان قەسەم
1936-يىلى مارتتىن 1937-يىلى يانىۋارغىچە387
1
1936-يىلى 7-ماي، يەنى شەنبە كۈنى، گېرمانىيە ئارمىيىسى رىنېلاندقا بېسىپ كىرىۋاتقىنىدا لوندون دائىرىلىرى بىرەر ھەرىكەت قوللىنىشنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرمىدى. فرانچويس پونسېت بېرلىندا تۇرۇپ ئەنگلىيىنىڭ ”كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىش“ غا كۈچەپ ئۈندەپ باقىدۇ. دەرۋەقە، بۇ تۈردىكى ئۈندەشلەر فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى ئويغاتتى ھەقىچان، ھۆكۈمەتمۇ باششىتاپ قۇماندانلىقنىڭ بىرەر ھەرىكەت قوللىنىشى ئۈچۈن ئالدىرىتىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەرگە ئوخشاش، ئۇلارنىڭ كونسىرۋاتىپلىقى قورقۇنچاقلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئىدى. گېنېرال گامېلىن ئەسكەرتىپ، ”بىرەر ئۇرۇش ھەرىكىتى، ئۇ مەيلى ھەر قانچە چەكلىك ھەرىكەت بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، پەرەز قىلىشقا بولمايدىغان خەتەرلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئومۇمىي يۈزلۈك ئۇرۇش سەپەرۋەرلىكى ئېلان قىلىنماي تۇرۇپ تۇيۇقسىز تەدبىر قوللىنىش تېخىمۇ خەتەرلىك“ دەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ماگىنوت مۇداپىيە لېنيەسىگە 13 دىۋىزىيە ئىۋەرتىش ئىشى تەستىقلىنىدۇ.
بۇ ئەسلىدە قۇرقۇنچاقلىقنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەت گامېلىننىڭ بېرلىندىكى رەقىپلىرىنى قاتتىق ئۈركىتىۋېتىدۇ. گېنېرال بلومبېرگ يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ھىتلېردىن ھېچ بولمىغاندا بىزمۇ ئاخېن، تىيرېر ۋە سائاربرۈكېندىن ئەسكەر چېكىندۈرەيلى دەپ يالۋۇرىدۇ. ئۇ ھىتلېرغا، ئەگەر فرانسىيە ھۇجۇم قىلغىدەكلا بولسا، گېرمانىيە قوشۇنلىرى ئۇرۇشنى توختىتىپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەخلاقىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ئېغىر مەغلوبىيەتكە سەۋەپ بولىشى مۇمكىن دەيدۇ. گەرچە قاتتىق تەشۋىش ئىچىدە قالغان بولسىمۇ، ھىتلېر قىلچە تەۋرەنمەيدۇ. ئۇ، بلومبېرگقا قاراپ باقايلى، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا ئەتە ئەسكەر چېكىندۈرسەكمۇ ئۈلگۈرىمىز دەيدۇ. گەرچە فرانسىيە باش مىنىستىرى كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىق ھەققىدە رادىئو نۇتقى ئېلان قىلغان بولسىمۇ ھىتلېر بەرىبىر ئىرادىسىدىن يانمايدۇ. فرانسىيە باش مىنىستىرى نۇتقىدا، ستراسبۇرگ گېرمانىيە توپ ئوقلىرىنىڭ تەھدىتى ئاستىدىلا بولىدىكەن، فرانسىيە ھەرگىز سۆھبەتكە ئولتۇرمايدۇ دەيدۇ.
دۈشەنبە كۈنى، 25 مىڭ نەپەر گېرمانىيە ئەسكىرى رىنېلاندقا كىرىپ كېلىدۇ.388 پوپ-پاستورلار ئىسرىقدانلىرىنى پولاڭشىتىپ ئۇلارغا دۇئا ئوقۇيدۇ. فرانسۇزلارنىڭ ئېغىزىدىلا ھەيۋە قىلىپ قويغانلىقى، ھىتلېرنى قاتتىق ئەنسىرەتكەن ئىدى. ئۇ كېيىن ئېتراپ قىلىپ، ئەگەر بۇنداق بىر بېسىم ئاستىدا ئون يىل قالغىدەك بولسام ھەقىقەتەنمۇ بەرداشلىق بېرەلمىگەن بولاتتىم دەيدۇ. ھىتلېر، گېرمانىيە قوشۇنلىرى رىنېلاندقا كىرىپ ئىككى سوتكا ئۆتكەندە تەرجىمانىغا ”بۇ ۋاقىت ئۆمۈرۈمدە ئەڭ قاتتىق بېشىم قاتقان بىر پەيت ئىدى، … ئەگەر فرانسىيە قىساس ھەرىكىتىگە ئاتلانغان بولسا، بىزمۇ ئامالسىز قۇيرۇقىمىزنى قىسىپ ئۈن چىقارماي چېكىنىشكە مەجبۇر قالاتتۇق. چۇنكى بىزنىڭ ئەسكىرى كۈچىمىز بەكلا يېتەرسىز، ھەتتا كۈچسىز قارشىلىق كۆرسىتىشكىمۇ قۇرۇبىمىز يەتمەس ئىدى“ دەيدۇ. ئۇ، كۆرەڭلىگەن ھالدا ئىشغال قىلىنغان رايونلارنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە بېرىپ ھېچ قانداق نورىمالسىزلىقنىڭ يوقلىقىنى كۆرىدۇ. ھىتلېر، كۆڭلى-كۆكسى ئازادە ھالدا مەخسۇس ۋاگۇنىغا ئولتۇرۇپ قايتىپ كېلىۋېتىپ ”ئۇلۇغ تەڭرىم، ھەممە ئىش شۇنچە ئوڭۇشلۇق، ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى خاتىرجەم قىلىدىغان بىر ئىش بولدى“ دەپ خېلى ئارام تېپىپ قالىدۇ. ئۇ ۋاگوندا پو ئاتقىنىچە تىنماي سۆزلەپ ماڭىدۇ: ”دېمىدىممۇ، بۇ دۇنيا ئەقىللىق قەھرىمان كىشىلەرگە مەنسۈپ بىر دۇنيا دەپ. ئۇنداق كىشىلەرنى تەڭرى ئۆزى ساقلايدۇ.“ ئۇ دەرھال ئەتراپىدىكىلەرگە بۇيرۇق قىلىپ، ۋاگنېرنىڭ «پارسفال» تەخسىسىنى قويغۇزىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن ئاڭلىغاچ سۆزگە كىرىشىدۇ: مېنىڭ ئىشەنچىم مانا مۇشۇ تىياتىرنىڭ تەسىرىدىن تىكلەنگەن دەيدۇ. ئۇ، ئەگەر ئەنگلىيە-فرانسىيە ئىككىسى بىرلىشىپ كۈچلۈك سەپ شەكىللەندۈرگىدەك بولسا ئىدى، گېرمانىيە تەرەپ ئۇرۇشماي تۇرۇپلا مەغلۇپ بولىدۇ دەپ قارايتتى. ئەمما بىز بۇنداق بىر ئالىجوقا مۇستەبىتنىڭ بۇنداق بىر پەرىزىگە پەقەتلا قوشۇلالمايتتۇق.
)ئۇ. ت. ئىزاھاتى: ئېنگلىزچىدىن تەرجىمىدە بۇ بىر ئابزاس چۈشۈپ قالغان:
In Paris the Locarno powers convened with results so inconelusive that Freign Minister Flaudin flew to London for help. The attitude there was typified by Lord Lothian`s remark: “The Germans, after all, are only going into their own back garden.” Neville Chamberlain, being groomed to succeed Baldwin as Prime Minister, emphasized to Flandin that public opinion was against enforeing any sanctions and then wrote in his diary, “Ilis view is that, if a firm front is maintained by France and England, Germany will yield without war. We cannot accept this as a reliable estimate of a mad dictator`s reaction.”)
قىزىق يېرى، ئۇنىڭدىكى بۇنداق ئۈمىدسىز مىجەزلەر ئەتىسى، يەنى 12-مارت كۈنى پۈتۈنلەي غايىپ بولىدۇ. ئەتىسى، بىرلەشكەن مىللەتلەر جەمىيىتى لوندوندا يىغىن چاقىرىدۇ. ئۇلار يىغىندا بىردەك قارار ماقۇللاپ گېرمانىيىنى شەرتنامىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىپلەيدۇ. 3 نەپەر ھەربى مەسلىھەتچى ھۇلۇققىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي شۇ ھامان بېرلىنغا تېلېگرامما يوللاپ بۇ ئەيىپنامىدىن بېرلىننى خەۋەردار قىلىدۇ. بلومبېرگ تېلېگراممىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ شۇ ھامان بېرىپ فۈھرېر بىلەن كۆرۈشىدۇ. فۈھرېر تېلېگرامىغا قاراپمۇ قويماي ئۇنى پۇرلاپ يانچۇقىغا سېلىۋالىدۇ. بلومبېرگ، ھىتلېردىن مۇرەسسە قىلىشايلى دەپ ئۈتۈنگەن بولسىمۇ ھىتلېر قەتئىي رەت قىلغان ھالدا، بلومبېرگقا قوپاللىق بىلەن، بۇندىن كېيىن سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىۋالما دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. ئۇ گېنېرالغا: سىياسەتلەرنى ئۇرۇش مىنىستىرلىكى ئەمەس بەلكى ئىمپىرىيە باش مىنىستىرلىك كابېنتى بەلگىلەيدۇ دەيدۇ. ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گېنېراللارغا قارىغاندا بەكىرەك ئۇرۇشخۇمار ئىدى. شۇڭا نېۋرات، ھەر قانداق بىر مۇرەسسەلىشىشكە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نېۋرات، فۈھرېرغا سەۋر قىلىپ كۈتۈپ باقايلى، رىنېلاندتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشتىن ئاۋال چەتئەل دائىرىلىرىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى دەيدۇ.
فۈھرېر تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ دېگەن بۇ گېپىگە قوشۇلىدۇ. كەينىدىنلا، ھىتلېر ميۇنخېندا مىتىنگدىكىلەرگە ”مەن سىلەرگە ئۇيقىدا قار بېسىپ جۆيلۈپ كوچىغا چىقىپ كەتكەن بىرسىنىڭ بەرگەن قەسىمىنى بېرىمەنكى، مەن قەتئى تۈردە تەڭرىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلدىم.“ بۇ ئىشتىن بىر قانچە سائەت ۋاقىت ئۆتكەندە، رىبېنتروپ، بوھران ئۆتۈپ كەتتى، ئەدېن سوھبەتكىلا قىزىقىدىغانلىقىنى دەپ يۈرگەندەك قىلىدۇ دەپ لوندوندىن خەۋەر بېرىدۇ.
بۇ خەۋەردىن فۈھرېر يايراپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇ كۈنلەردە باشقا بىرسى گېرمانىيە دۆلەت باشلىقى بولغان بولسا قانداق بولۇپ كېتەر بولغىيدى؟ كېيىن فۈھرېر بۇ ھەقتىكى كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر، سىلەرمۇ دېيەلىشىڭلار مۇمكىنكى، ئۇنداق بىرسى قورققىنىدىن ئەرۋايى ئۇچۇپ ئۆزىنى يوقۇتۇپلا قويغان بولاتتى. ئامال يوق، مەن بۇ ئىشتا يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم: مەن ئۈنۈمنى چىقارماي جىم بولىۋالغانلىقىم، قىلچە تەۋرەنمىگەنلىكىم ئۈچۈنلا قۇتۇلۇپ قالالىدۇق. مەن تەھدىت قىلغان ھالدا ئەگەر ۋەزىيەت بىر سوتكا ئىچىدە ئاز-تۇلا يۇمشىمايدىكەن، ئۇ ھالدا مەن بىر سوتكا ئىچىدە رىينېلاندقا يەنە 6 دىۋىزىيە ئەسكەر يوللايمەن دەپ تەھدىت قىلغان ئىدىم.389 ئەسلىدە ئۇ يەرگە ئىۋەرتكىدەك قولىمىزدا ئاران 4 برىگادىلا ئەسكەر قالغان ئىدى.“
ھىتلېر ئەڭ ئاجىز بىر ھالقىسىنى قولىدا تۇتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئىككىسىنى ئوڭۇشلۇق تۈردە قورقۇتۇپ يۇلىۋېلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئەگەر تايىنىدىغانغا كەينىدە بىرەر قۇراللىق كۈچى بولماي، خەلقارالىق قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئەيىپلەشنىڭ قىلچە رولى بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە باشقا گېنېراللارغا سېلىشتۇرغاندا ئۆزىنىڭ سىياسىي قابىلىيىتىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى غەلىبە، ئۇنىڭ ئۆز تەغدىرىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ بېرىشتىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان ھەقىقەتەنمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بىر غالىبىيەت ئىدى. ئۇ، مۇستەھكەم ئىرادىلىك، قۇرال ئىشلىتىشتىن قورقمايدىغان كىشى، يەنە بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى قاينىمىغا كىرىپ قېلىشتىن قورقۇپ جان-پېنى چىقىپ كېتىۋاتقان رەقىبىگە قارشى قانچىلىك تىركىشىش كېرەكلىكىنىمۇ پەملىۋالىدۇ.
شۇنىڭدەك ھىتلېر يەنە رىينېلاند ۋەقەسىدىن مەملىكەت ئىچىدە ھوقۇقىنى تېخىمۇ چىڭىتىۋېلىش جەھەتىدىمۇ ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلاندى. ئۇ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، بۇ سىياسىتىنى خەلققە ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق بېكىتىۋالماقچى بولىدۇ. بۇ قېتىمقى خەلق ئاۋازغا قويۇش ئىشى ھەرگىز سايلام ئەمەس، بەلكى كۆك يۈزىدە ”ھىندېنبۇرگ“ ھاۋا شارى (ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرىس بەلگىسىنى سىزىپ توشقۇزىۋەتكەن) بىلەن ھەر قايسى شەھەرلەردە غالىبىيەت نامايىشى قىلىپ ئايلاندۇرۇپ چىقىشلا ئىشى ئىدى. ”مەن ھېچقاچان ھوقۇق تارتىپ ئالمىدىم. — دەيدۇ كارلسرۇخ ئاممىسىغا، — مەن ۋىژدانىم بىلەن خەلق مەنپەئەتىنى كۆزلەش مەقسىتىدە ئىش قىلدىم. مەن، خەلقىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇشۇم، ئۇلارنى دۇنيادا قايتىدىن ئىناۋەتلىك بىر ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈشكە يېتەكچى بولۇشۇم شەرت. ئەگەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن خەلقىمىز قايتىدىن بىھۇدە غەم-ئەندىشە ئىچىدە، ئازاپ-ئوقۇبەت ئىچىدە قالىدىغانلا ئىش بولىدىكەن، ئۇ ھالدا، ئۇلۇغ تەڭرىمدىن مېنى جازالىشىنى تىلەيمەن.“
29-مارت كۈنى، ھىتلېر بىر پايمۇ ئوق ئاتماي، 98.8 پىرسەنت خەلقنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشىگە ئېرىشىدۇ. دۇنيادا، ھېچ قانداق بىر دۆلەت داھىسى بۇنچە كۆپ خەلق ئاممىسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلىگەن ئەمەس. شۇنىڭدەك يەنە، 3 يىلدىن ئارتۇقىراق ۋاقىت ئىچىدە ھىتلېر باشقا دۆلەتلەردىن مەرھەمەت تىلەيدىغان بىر ئەلنى ئۇلارغا خىرىس قىلالايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرغان ئىدى. ئورنىنى بۇنچە يۈكسەلگەن دۆلەتتىن ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان بىردىن-بىر دۆلەت، يالغۇز ئەنگىلىيىنىلا كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن ئىدى. ۋېلش ئۇقۇمۇشلۇق ئەربابلار مۇناسىۋىتىدە كەڭ دائىرىلىك مۇناسىۋەت ئاساسى بولغان توماس جونېس، غەيرى-رەسمى باش ئەلچى سالاھىتى بىلەن گېرمانىيىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچى زىيارەت بېكىتى داھلېم ئىدى. باش ئەلچى ئۇ يەردە بالدۋىن بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان رىببېنتروپنىڭ ئۇنى باش ۋەزىر بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىغا مەدەتكار بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.
”بالدۋىن ئەپەندىنى ھىتلېر بىلەن كۆرۈشۈپ باقسا دەپ ئويلايمەن. — دەپ يازغان جونېس كۈندىلىك خاتىرىسىدە رىببېنتروپنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، — گەپ-سۆزلىرىدىن ئۇنى ھەرگىزمۇ بىر مۇستەبىتكە ئوخشىتىش مۇمكىن ئەمەس. بەلكى ئۇنى بالدۋىن ئەپەندىگە بەكىرەك ئوخشىتىش مۇمكىن. بىز مۇزاكىرە قىلماقچى بولىۋاتقان بۇ مەسىلە بىر قانچە ئەۋلاد ئادەمنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان بىر مەسىلە. … بالدۋىن ئەپەندى ھىتلېرنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا ۋاستىچى قويماي ئۆز قۇلىقى بىلەن بىۋاستە ئاڭلاپ باقسا. ھىتلېر چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي ھەققانىي سۆھبەتلىشىدىغانلىقى چوقۇم. — رىبېنتروپ فۈھرېرنى ئادەتتىكى بىر ئادەم قاتارىدا تەسۋىرلەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ، — ئۇنىڭ قەلبى كونسىرۋاتىپ، ئادەتتىكى بىر رەسسامغا ئوخشاش مۇزىكىنى ۋە رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئاددى-ساددا ياشايدىغان بىر ئادەم، — دەيدۇ رىبېنتروپ، — ھىتلېر دېپلوماتىك سىياسەت جەھەتتە پەقەت مېنىڭلا، يەنى ۋون رىبېنتروپنىڭلا پىكىرىنى ئاڭلايدۇ.“
”باش قۇماندانلىق شىتابىدىكىلەرچۇ؟“ دەپ سورايدۇ جونېس.
”ئىمپىرىيە ھۆكۈمىتى ئىچىدە، پومىشچىكلار — جۇنكېرلار تەسىر كۆرسىتەلمەس ھالغا كېلىپ بولدى. — دەيدۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاۋابەن، — بۈگۈن، قايتىدىن ئەسكەر ئېلىشنى ھىتلېرنىڭ ئۆزىلا بەلگىلەپ قىسىملار بۇ ئىشقا ئارىلىشالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ بولدى.390 مىللىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسى ئىدىيىسى ھەرگىزمۇ باشقىلارنى بوي سۇندۇرۇش ياكى ئۇلارغا ھۈكمىرانلىق قىلىش بولماستىن بەلكى ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش.“
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، يەنى 17-ماي كۈنىسى، ئۇلار ھىتلېر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بېرلىنغا قاراپ ئۇچىدۇ. بىلەن بىرگە يولغا چىققانلاردىن بىرسى تەرجىمان شمىدت ئىدى. يەكشەنبە كۈنى چۈشتە، تۆتەيلەن ھىتلېرنىڭ تۇرالغۇسىدىكى ئازادە مېھمان كۈتۈش ئۆيىدە ئۇچرىشىدۇ. جونېس، بۇ مېھمانخانا ئۆيىنىڭ رەسمى بىر ۋىكتورىيە پاسونىدىكى ئۆيلەرگە ئوخشايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ. ”بىز راستىنلا گلاسگوۋنىڭ تەررا، — ئۆگزە باغچىسىغا، يەنى 1880-يىلىدىكى بىر سودىگەرنىڭ مېھمانخانا ئۆيىگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق.“ جونېس، بالدۋىننىڭ گېرمانىيە بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئويلايدىغانلىقىنى، ئەمما ”ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراقلىقى“ نى ئېيتىدۇ. ئىتالىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان ھەبەشىستان — ئېفپوپىيىدە قولغا كەلتۈرگەن غالىبىيىتى گەرچە بىرلەشكەن مىللەتلەر جەمىيىتىدىكى نۇرغۇنلىغان ھىمايە قىلغۇچىلىرىنى ئۈركىتىۋەتكەن بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان ئېنگلىزلار يەنىلا بىرلەشكەن مىللەتلەر جەمىيىتىگە قاتتىق ئىشىنەتتى.
ھىتلېر مۇنداق دەيدۇ: دېمەككى، ئېنگلىزلارمۇ ئىككى تەرەپ بولۇپ بۆلىنىۋالغان، ئۇلارنىڭ بىر تەرىپى ھازىرقى بىرلەشكەن مىللەتلەر جەمىيىتىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىكىلەر بۇ تەشكىلاتنى كونسىرىۋاتىپ بىر تەشكىلاتقا ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشىدىكەن. ئۇ ئىككىنچى تەرەپتىكىلەرنىڭ سىياسىتىنى قوللاپ، ئېنىق بولمىغان بىرەر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئېفپوپىيە ۋەقەسىنىڭ ساۋاقلىرى شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ئەگەر بىرەر خەلقارالىق تەشكىلات بولمىغىنىدا مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى تېخىمۇ ياخشىراق بولغىدەك. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”بىرلەشكەن دۆلەتلەر جەمىيىتىنىڭ رولى ئېفپوپىيىلىكلەرگە ئۈمىت بېغىشلاپ، باشقا ئەللەرنى ئالداش، گويا جەنىۋەدە بەزى ئۆنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىش بىلەن بىرگە ئىتالىيىنى قېچىپ قۇتۇلۇشقا ئۈندەش بولىدىغاندەك قىلىدۇ.“ ئۇنىڭ بۇ قارىشىنى، ئۆزىنىڭ رىنېلانددىكى دو تىكىشىنى تەرىپلىشى دېيىش مۇمكىن ئىدى. ئەگەر جونېس بۇ نوقتىنى تونۇپ يېتەلىدى دېيىشكە بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېيىلمىگەن. بىر يېرىم سائەتلىك كۆرۈشۈش ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار ئۆزئارا ئىشەنچە تىكلەشتى دېيىشكىلا بولاتتى. ”مەن، بالدۋىن ئەپەندىنى تارتىنچاق ۋە كىچىك پىيىل سىياسىيون دەپ قارايتتىم. باش ۋەزىر بولغىنىمغا ھەممە كىشى ھەيران قالىدىكەن، بۈگۈنگە كەلگىچە، بۇنداق ھەيران قېلىشتىن تېخى قۇتۇلالمىدىم.“ بۇ دېگەنلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەندە، فۈھرېرمۇ ”راست دەيسىز، مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم“ دەيدۇ.
بۇ كۈنلەر ھىتلېرنىڭ ئەڭ بىئارام بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرى ئىدى. ئۇنىڭ شوپۇرى شرېك يېقىندا قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كېتىپ، ئۆزىمۇ ئۇيقۇسىزلىقتىن قىينىلىپ يۈرەتتى. جونېس بىلەن كۆرۈشۈپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە، ئۇ دوختۇر براندتقا دەرت تۆكۈپ سول قۇلىقىنىڭ غۇڭۇلدايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، غۇڭۇلداش ئاۋازىنىڭمۇ تۆمۈرنىڭ ئۇرۇلغان ئاۋازىغا ئوخشاش بەكلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ دەرت تۆكىدۇ. دوختۇر براندت ئۇنىڭغا يېتىشتىن بۇرۇن ئازىراق مېڭىپ كىرىپ ئاندىن يېتىشى كېرەكلىكىنى، ئايىقىنى ئىلمان سۇ ۋە سوغۇق سۇدا ئالماشتۇرۇپ يۇيۇپ بېرىشىنى، ئاندىن بىر قانچە تال تەسىرى ئاز ئۇيقۇ دورىسى ئىچىپ يېتىشنى مەسلىھەت قىلىدۇ. ھىتلېر بۇرۇن راستىنلا ئۇيقۇ دورىسى ئىچىپ يۈرگەن ئىدى. فۈھرېر، ئۆز پىلانى بويىچە يېڭىدىن لايىھىلاپ سېلىنغان باش مىنىستىرلىك مەھكىمە بىناسى ئىچىدە تۇرمۇش قائىدىلىرىغا تېخىمۇ قاتتىق رىئايە قىلىپ ياشاشقا تىرىشىدۇ. ئۇ ئاخشىمى ئاددى سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ئىشىكىنى چىڭ ئېتىۋالاتتى. بۇ ئۆيدىكى بىردىن-بىر بىزەك، ئاپىسىنىڭ ماي بوياق رەسىمى — كونا بىر رەسىمگە قاراپ سىزىلغان بىر پارچە رەسىملا ئېسىغلىق ئىدى. كارىۋىتىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە كىچىك بىر توپمۇچكا قويۇلغان ئىدى. ئۇ بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئەر خىزمەتچىسى بولغان كارل كراۋۇسقا، مەن نەدە يېتىشىمدىن قەتئى نەزەر، چوقۇم كارىۋىتىمنىڭ ئوخشاش تەرىپىگە بىر ئۈستەل قويۇپ قويىسەن دەپ جىكىلىگەن ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى سدەھەردە ساقىلىنى چوقۇم ئۆزى ئېلىپ ئادەتلەنگەن بولۇپ، كىيىم كەيگەندىمۇ خىزمەتچىسىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمايتتى. ئۇ كىيىمىنى كىيىپ تۈزەشتۈرىۋالمىغىچە سىرتقا چىقمايتتى. ئۇ ئۆيىدىن چىقىپ كراۋۇسقا سالام بەرگىنىدىن كېيىن ئۆزى كىتاپخانىسىغا كىرىپ ئەتىگەنلىك ناشتىغا ئولتۇراتتى. ئۇ ئادەتتە ئىككى ئىستاكان كالا سۈتى، ئون تالدەك پىچىنە ۋە نەچچە پارچە بەكمۇ تاتلىق بولمىغان شاكىلات بىلەن ناشتا قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغان ئىدى. ئۇ ئۆرە تۇرۇپ ناشتا قىلاتتى ھەمدە بىر تەرەپتىن ناشتا قىلغاچ ئاخبارات ئىدارىسى يەتكۈزگەن ماتېرىياللارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقاتتى.391 ئۇ ئادەتتە ناشتىلىق ئۈچۈن 5 مىنۇتلا ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، ئۇدۇل ئىشخانىسىغا كىرىپ كېتەتتى.
ئالدىراش بولغان بۇ كۈنلەردە، ئۇنىڭ بىردىن-بىر كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىشى ھەر ئاخشىمى ئازادە مېھمانخانا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈشلا ئىدى. كراۋۇس كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئۇنىڭغا 5~6 يۈرۈش كىنو ئىسمى يېزىلغان بىر ۋاراق كىنو تىزىملىكىنى چىقىرىپ بېرەتتى. ھىتلېر بۇ تىزىملىكتىن بىرنى تاللاپ كۆرەتتى. ئەگەر تاللىغان كىنو فىلىمى ئۇنى زىرىكتۈرۈپ قويغىنىدا، ”نېمە دېگەن قالايماقان فىلىم بۇ!“ دەپ قاينىغىنىچە دەرھال باشقا فىلىمنى ئالماشتۇرۇپ كۆرەتتى. ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال ئارتىس گرېتا گاربو دېگەن ئايال ئىدى.
سىر ئىۋون كىركپاترىكنىڭ ئېيتىشىچە، ھىتلېر ”«بېنگاللىق مەرگەن» دېگەن فىلىمنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىكەن. ئۇ، بۇ كىنونى ئۇدا ئۈچ قېتىم كۆرگەن. ئۇنىڭ بۇ كىنونى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىغا، بۇ فىلىمدا بىر قانچە ئېنگلىزنىڭ قانداق قىلىپ بىر دۆلەتنى قۇل قىلىۋالالىغانلىقى تەسۋىرلەنگەنلىكى سەۋەپچى بولغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇنەۋۋەر بىر مىللەت دەل شۇنداق ھەرىكەت قىلىشى لازىم ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا، بۇ فىلىم ئېس-ئېسچىلار چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك بىر كىنوغا ئايلانغان.“ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنولىرى يەنىلا فرانسىيە فىلىملىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىنولىرىدا ئۇششاق بۇرجۇئازىيىنىڭ تۇرمۇشۇشى ھەقىقى تۈردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولىدىكەن. ”بۇ كىنولارنى ئاشكارە قويغىلى بولماسلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلىنارلىق“ دەيدۇ فرېيدېلىند ۋاگنېرغا، گيوبېلس ئىشخانىسىدا تېخى كېسىپ تازىلانمىغان فىلىملەرنىڭ ھەممىسىنىلا ۋاگنېر مەسئول بولۇپ تەكشۈرۈپ چىقاتتى.
ھىتلېرنىڭ سالامەتلىكىدە ياخشىلىنىش ئىشارەتلىرى كۆرۈلمىگەچكە، دوختۇر براندت ئۇنىڭغا بىر ھەپتە دەم ئېلىشقا چىقىشىنى، ئەڭ ياخشىسى ئۇخلىيالايدىغان يەر بولغان بېرچتېسگادېنغا بېرىپ دەم ئېلىش تەكلىۋىنى بېرىدۇ. ھىتلېر دوختۇرنىڭ تەۋىسىيىسىگە قۇلاق سالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي جەريانىدا ئۇ ۋاچېنفېلدتىكى ئۆيىگە ئىمكان بار كۆپىرەك بارىدىغان بولىدۇ. شۇ يىلى يازدا، ئۇ يەنە بىر قېتىم ۋاگنېرنى خاتىرلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. ئۇنىتي مىتفورد بىلەن سىڭلىسى دىيانامۇ شۇ يەردە بولغاچقا، ۋاگنېر خانىم ئۇلارنىمۇ بىرلىكتە چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلىۋىدى، بۇنىڭدىن ھىتلېر بەكلا خوش بولۇپ كېتىدۇ. ”بىلىسىز، ئۇنىتينىڭ تۇرمۇش پۇلى ئېيىغا ئارانلا يۈز مارك ئەتراپىدا. — فرېيدېلىند ۋاگنېرنىڭ دېيىشىچە ھىتلېر شۇنداق دېگەن ئىكەن، — ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى ئۈزۈپ ئۇنى ئەنگىلىيىگە قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنغان. ئۇمۇ ئەنگىلىيىگە بىر-ئىككى قېتىم قايتىپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەر قېتىم ئۇ يەردىن قېچىپ كېلىۋالاتتىكەن.“
22-ئىيۇن ئاخشىمى، چەتئەلدىكى ناتسىستلار پارتىيىسىگە تەۋە تەشكىلاتىنىڭ ئىككى نەپەر ئادىمى تۇيۇقسىز كېلىپ زىيارەت قىلىشى، بايرۇتتىكى قىشلاق ھاياتىنىنىڭ مەززىسىنى چىقىرىۋاتقانلارنىڭ پەيزىنى قاچۇرىدۇ. يەنى كەلگەنلەر ئىسپانىيىلىك فرانكو ئىسىملىك بىر گېنېرالنىڭ خېتىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ گېنېرال جۇمھۇرىيەتچىلەر ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى بولۇپ، ”قىزىللار ئارمىيىسى“ گە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئايروپىلان بىلەن ھەربى قىسىملىرىنى ئافرىقىغا توشۇپ ئاپىرىۋېلىشقا بەكلا ئېھتىياجلىق ئىدى. ھىتلېر دەرھال گيۆرىڭنى چاقىرتىپ كېلىدۇ _ گيۆرىڭمۇ بۇ چاغدا بايرۇتتا خاتىرلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقان ئىدى. گيۆرىڭ، ھىتلېرنى فرانكونى قوللاشقا قىزىقتۇرىدۇ. بۇنىڭغا مۇنداق ئىككى سەۋەپنى كۆرسىتىدۇ: بىرىنچىدىن، كوممۇنىزىمنىڭ يېيىلىپ كېتىشىنى توساشقا بولىدۇ؛ ئىككىنچىسى بولسا ”يېڭى ھاۋا ئارمىيىمىزنى چېنىقتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيمىز“ دەيدۇ. بۇ گەپ بويىچە ھىتلېر بىر قىسىم ترانسىپورت ئايروپىلانلىرى بىلەن بىر قاتاردا خېلى كۆپ كۈرەشچى ئايروپىلان، بومباردىمانچى ئايروپىلان ۋە زېنىت توپچىلارنى ئىۋەرتىپ مەشىق قىلدۇرماقچى بولىدۇ _ ئۇ پەقەت شۇنچىلىكلا ياردەمدە بولىدۇ. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىنى ئۇزۇنغا سوزۇش ئىشى گېرمانىيىگىلا پايدىلىق بولۇپ قالماي يەنە مۇسسولىننىمۇ چەكلەش، — يەنى مۇسسولىننى فرانكوغا زور كۆلەمدە ياردەم قىلىشقا مەجبۇرلىغىلى بولاتتى — فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرسىدا تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت تىكلەش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرەلىشى، بۇ جەرياندا يىتىم قالدۇرۇلغان مۇسسولىنمۇ گېرمانىيەگە يېقىنلىشىشتىن باشقا چىقىش يولى قالمس ھالغا كەلتۈرۈشكە بولاتتى.
رىبېنتروپ بولسا، ھىتلېرغا بۇ ئىشقا ئارىلاشمىغىنىمىز ياخشى دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. بىز ئۇ يەردىن ھېچ قانداق بىر شۆھرەتكە ئېرىشەلمەيمىز دەيتتى. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە ”ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتىدىن مۇرەككەپلەشتۈرىۋېلىشتىنمۇ قورقاتتى. چۇنكى ئەنگلىيە چوقۇم گېرمانىيىنىڭ بۇ ئىشقا قول تىقىشىدىن رازى بولماسلىقى مۇمكىن“ دەپ قارايتتى. ئەمما ھىتلېر ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ، مىللى سوتسىيالىزمچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، فرانكوغا ياردەم بېرىش مەسئولىيىتىمىز بولىشى كېرەك؛ ئەگەر ئىسپانىيە كومپارتىيىنىڭ دۇنياسىغا ئايلىنىپ كەتكىدەك بولسا (ئۇ يەرنى ھېلىمۇسولچىلار تېزگىنلەپ تۇراتتى)،392 فرانسىيىنىڭ بولشېۋىكلىشىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ؛ ”ئەگەر كۈچلۈك شەرق سوۋېت گۇرۇھى بىلەن غەرب فاشىستلار گۇرۇھى ئوتتۇرسىدا قىستىلىپ قېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۇجۇم قىلغىدەك بولسا ئوتتۇردا قېلىپ تۈگىشىمىز“ دەيدۇ.
2
شۇ يىلى يازدا، ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. گېرمانىيە يەھۇدىيلارغا قارشى سىياسەت يولغا قويىۋاتقان بولغاچقا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە فرانسىيە ئۈچىسى بۇنى توساشقا شۇنچە ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ مۇۋەپپەق بولالمىغان ئىدى. ھىتلېر بۇ قېتىمقى تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى ناتسىستلارنىڭ ئۇتۇقلىرىنى كۆرسىتىدىغان بىر كۆرگەزمە ھالىغا كەلتۈرۈشكە ئالدىراپ نۇرغۇن جەھەتلەردە يول قويۇشلارغىمۇ ماقۇل كېلىدۇ. مەسىلەن يەھۇدىيلارنىڭ سىموۋۇلى ھالىغا كەلگەن شەمشەر ماھىرى ھېلېنا مايېر، دۇگۇر توپ يۇلتۇزى رودى بال قاتارلىقلارنىمۇ ئىمپىرىيىگە ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى تەنھەركەت مۇسابىقىسىغا قاتناشتۇرۇشقا ماقۇل كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە بىر يەھۇدىي بولغان كاپىتان ۋولفگاڭ فۈرستنېر ئولىمپىك كەنتى قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىللەش ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، تاشيول بويلىرىدىكى يەھۇدىيلارغا قارشى پلاكاتلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ كىرىپ دەم ئېلىپ داۋالىنىشى چەكلىنىدىغان ساناتورىيىلەرگە ئېسىلغان ئېلان تاختايلىرىنىڭ ھەممىسى سۆكۈپ تاشلىنىدۇ. بېرلىندا، سترېيچېرنىڭ «ئاۋانگارد» گېزىتىمۇ گېزىت بوتكىلىرىدىن غايىپ بولىدۇ. ئەسلىدە يەھۇدىيلارغا قارشى ھەرىكەتلەر پۈتۈنلەي توختىتىلغان ئىدى. ئۇلار بۇ تۈردىكى يارىشىپ قېلىشنىڭ ئۈلگىلىرىنى خەلقاراغا كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. ھەتتا نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك بېرلىنغا ئېقىن قىلغىنىدا ئۇلار قىزغىن كۈتىۋېلىنىدۇ.
1-ئاۋغۇست كۈنكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا كۆك يۈزى سۈپ-سۈزۈك، بىر پارچىمۇ بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ھىتلېر مۇسابىقە ئەترىتىنى باشلاپ ۋىياترۇمپالاس _ غالىبىيەت كوچىسىدىن ئۆتۈپ ستادىيومغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئىلاندەك ئۇزۇن سوزۇلغان ئاپتوموبىل قاتارى 40 مىڭ ئېس-ئاچى ۋە باشقا مۇھاپىزەتچى قىسىملارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئون چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتىكى كوچىدا ئاستا ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. قوشۇن ستادىيومغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇچىسىغا بەكلا ئاددى فورما كەيگەن ھىتلېر ئىككى نەپەر ئولىمپىك ئەمەلدارى بىلەن بىرلىكتە ئالدىغا چىقىپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن بولغارىيە پادىشاھى، شىۋىتسىيە تەخت ۋارىسى، گرىتسىيە تەخت ۋارىسى، ئىتالىيە تەخت ۋارىسى ۋە شۇنىڭدەك مۇسسولىننىڭ ئوغلى قاتارلىق كىشىلەر ئىز بېسىپ كېلىدۇ. ئۇلار يەر ئاستى يولىنى بويلاپ مېڭىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە سارىيىغا كىرىپ كېلىدۇ. ستادىيومدىكى 30 دانە كانايدىن ياڭرىغان دوخوۋوي ئوركىستىر كۈتىۋېلىش مۇزىكا ئاۋازى ياڭرايدۇ. بۇ تارىلىق ۋە يەللىك چالغۇلار ئوركېستىرىغا رىچارد ستراۋس رىژىسسورلۇق قىلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە 3 مىڭ كىشىلىك خور ئۆمىكىمۇ بار ئىدى. ئۇلار «دۇچلاند ئۈبېر ئاللېس _ گېرمانىيە ھەممىدىن ئۈستۈن»، «خورست ۋېسسېل لېيد — ۋېسەل ئورمان مارشى» بىلەن ستراۋسنىڭ بۇ قېتىمقى تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئىجات قىلغان «ئولىمپىك مارشى» نى ئورۇندايدۇ. ھىتلېر رەسمى ئورنىنى ئالغان ۋاقتىدا 110 مىڭ تاماشىبىن بىرلىكتە تەنتەنە قىلىشىدۇ. بەزى ۋەكىللەر ئۈمىكىدىكىلەر ئولىمپىك سالىمىنى بېرىپ ئۆتكىنىدە، يەنى ئوڭ بىلىكىنى ئالدىغا ئۇزارتىپ سالام بەرگىنىدە تاماشىبىنلار قاتتىق يايراپ كېتىدۇ. ئەمما ئاۋسترىيە ۋەكىللەر ئۈمىگى بۇ سالامنى ئۆزگەرتىپ ناتسىستلارنىڭ بىلەك سالامىغا ئۆزگەرتىۋالىدۇ. بولغارىيىلىكلەر تېخىمۇ ئاشكارە ئوتتۇرغا چىقىپ تەڭ قەدەملەر بىلەن مارشقا دەسسەپ ماڭىدۇ. 250 كىشىدىن تەشكىل تاپقان فرانسىيە ۋەكىللەر ئۈمىگى مەيدانغا كىرگىنىدە ئالقىش سادالىرى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەرگەن سالىمى ئولىمپىك پاسونىدا ئەمەس بەلكى قېدىمقى رىم پاسونىدا ئىدى. چىغ قالپاق كېيىشكەن ئېنگلىزلار مەيدانغا كىرگىنىدە پەقەتلا ”ئوڭغا بۇرۇل“ دېگەن بۇيرۇق ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭ ھەممىسى سەھنىگە تەتۈر قاراپ مېڭىشىدۇ، نۇرغۇنلىغان تاماشىبىنلار بۇنىڭدىن بەكلا كۆڭۈلسىز بولىدۇ. ئالقىشقا ئەڭ ئاز ئېرىشكەن سپورچىلار ئۈمىكى ئا ق ش ئۈمىكى بولۇپ، بەزى تاماشىبىنلار ھەتتا ئۇلارغا قارىتىپ ئەدەپسىزلەرچە يەرنى تېپىپ كېتىدۇ. ئۇلارمۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىدە پەقەتلا ”ئوڭغا بۇرۇل“ دېگەن بۇيرۇققا ئەمەل قىلىپ ئۆتىشىدۇ. ئۇلار ھەتتا بايرىقىنىمۇ ئەگمەي تىك تۇتۇپ مېڭىشىدۇ.
ئەتىسى، نېمىسلاردىن ھانس ۋۆلك ئولىمپىك چۇيۇن توپ ئېتىش يېڭى رېكورتىنى ياراتقىنىدا ھىتلېر مەخسۇس كېلىپ ئۇنى تەبرىكلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئون مىڭ مېترلىق ئۇزۇنغا يۈگىرەشتە يېڭى رېكورت ياراتقان ئۈچ نەپەر فىنلاندىيىلىك بىلەن نەيزە ئېتىش چىمپىيونى ۋە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن گېرمانىيىلىك ئايال تەنھەركەتچىلەرنىمۇ تەبرىكلەيدۇ. ئىگىزگە سەكرەش تۈرىدە بارلىق گېرمانىيىلىك تەنھەركەتچىلەر شاللىنىپ كەتكىنىدە قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغان ئىدى. ھىتلېر بۇ تۈردە ئۇتۇققا ئېرىشكەن ئۈچ نەپەر ئامېرىكىلىق ماھىر — بۇلاردىن ئىككى نەپىرى نېگىر — بىلەن قول ئېلىشىشنى كۈتمەيلا ستاديۇمدىن ئايرىلىدۇ.
خەلقئارالىق ئولىمپىك كومۇتېتىنىڭ رەئىسى ھىتلېرغا ئۇنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى مېھمان بولغانلىقى سەۋەبىدىن بارلىق غالىپ كەلگەن تەنھەركەت ماھىرلىرىنى تەبرىكلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان بولىشىغا قارىماي كۆرۈشمەسلىك يولنى تاللاپ، تۆت دانە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن جېسسىې ئوۋېنس بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىماي كېتىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن پايدىلانغان بەزى ئاخباراتچىلار فۈھرېر بۇ ئۇلۇغ نېگىر تەنتەربىيە ماھىرىغا سوغۇق پوزىتسىيىدە بولغانلىقى ھەققىدە كۈچەپ تەرغىبات قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئەمما ئوۋېنس ئاخباراتچىلارنىڭ بۇ تۈردىكى گەپ-سۆزلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ھىتلېر ھەقىقەتەن ئۇنى تەبرىكلەپ كەلگەنلىكى ئېيتىپ، ”مەن باش مىنىستىرنىڭ ئالدىدىن ئۆتىۋاتقىنىمدا، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا قول ئىشارىتى قىلدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا قول ئىشارىتى بىلەن قايتۇرۇپ سالام بەردىم. مېنىڭچە ئاپتورنىڭ گېرمانىيىنى بۇنداق تەنقىت قىلىشى ئۆزىدىن مەغرۇرلىنىدىغان كىشىلەردىن قىزغىنىشىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ قارايمەن“ دەيدۇ.
فۈھرېر پۈتۈن يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىلىرىنى دېگىدەك تولۇق كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ. ھەتتا ئۇ مۇسابىقە كۆرۈش جەريانىدا بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىدىن يېنىدىكىلەرنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىۋېتىدۇ. ھەر قېتىم گېرمانىيە تەنھەركەتچىلىرى ماھارەت كۆرسىتىش ۋاقتىدا ئۇ ھەقىقەتەنمۇ يۈز كۆزلىرىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە بالىلاردەك قىزغىنلىق بىلەن بېرىلىپ مۇسابىقە كۆرەتتى (ھەتتا دۇگۇر توپ مۇسابىقىسى باشلانغاندا بەكلا جىددىلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇسابىقىنى ئاخىرغىچە كۆرۈشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. مۇسابىقە تۈگىگەندىن كېيىن نەتىجىسىنى باشقىلاردىن سوراپ بىلىدۇ). تەنھەركەت مۇسابىقىسى 16-ئاۋغۇست كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ھىتلېرمۇ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. ئوركىستىر ئۆمىگى «ئولىمپىك مۇسابىقىسى يېپىلىش مارشى» نى ئورۇندىغان ۋاقتىدا، تەنھەركەتچىلەر مۇزىكا ئاۋازىغا قوشۇلۇپ قىزغىنلىق بىلەن ئۇسۇلغا دەسسەپ تاماشىبىنلار بىلەن ئىنتايىن قىزغىن بىر مۇھىت ئىچىدە خوشلىشىدۇ. مەيداندا بىرسى ھىتلېرغا — يېپىلىش مۇراسىمىدا ئۇنىڭ باشقا ئىشى يوق ئىدى — ”غەلىبىنى تەبرىكلەيمىز!“ دەپ ۋارقىرىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن مەيداندىن ”غالىبىيەت ئۈچۈن! ئادولف ھىتلېر، غالىبىيەتكە مۇبارەك بولسۇن!“ دەپ ئالقىش سادالىرى ياڭرىتىدۇ.
گەرچە شەرتكە بەك چۈشۇپ كەتمىسىمۇ، ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى ھەقىقەتەنمۇ ناتسىستلارنىڭ بىر غەلىبىسى ئىدى. نېمىس خەلقى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالتۇن مېداللارنى قولغا كەلتۈرگەن (33 تال) ۋە كۆپ ساندىكى كۈمۈش-مىس مېداللارنىمۇ سىرىپ سۈپۈرگەن بولۇپ، ھەيران قالارلىقى، نېمىسلار 57 پىرسەنتلىك ئۈستۈنلۈك قازىنىپ ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ئا ق ش كوماندىسىدىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ئەڭ مۇھىمى، نۇرغۇنلىغان تاماشىبىن گېرمانىيىدىن ئايرىلىش ۋاقتىدا قىزغىن كۈتىۋېلىشقا مۇيەسسەر بولغانلىقىدىن ھەممە خوشال، ھىتلېرنىڭ ئىمپىرىيىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ھالدا ئايرىلىشى ئىدى. گېرمانىيىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى لېنى رېيفىنستاھلنىڭ تارتقان ئىككى قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى. گەرچە گيوبېلس بۇنىڭغىمۇ توسقۇنلۇق قىلماقچى ھەتتا ئۇنى مەيدانغا كىرىشتىن مەنئى قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بىر فىلىم تارتىشقا مۇۋەپپەق بولالايدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزئارا تەبرىكلىشىش داغ-دۇغىلىرى جەريانىدا ئوتتۇرلۇقتا بىر تىرادىگىيىمۇ ئوتتۇرغا چىقىدۇ: يەنى بۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقە كەنتىنى قۇرۇشقا مەسئۇل بولغان كاپىتان فۈرسنېر بىر يەھۇدىي بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئاخىرقى مىنۇتلاردا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىلىدۇ. ئۇ ئورنىغا قويۇلغان كىشى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان تەبرىكلەش زىياپىتىدىن كېيىن تاپانچا بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋالىدۇ.
3
رىنېلاند سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، فۈھرېر تاشقى سىياسەت ئىشلىرى بىلەن تېخىمۇ بېرىلىپ شوغۇللىنىدىغان بولىدۇ. ئۇ ئەندى مەملىكەت ئىچى مەسىلىلىرىنى ئۆز ئېقىشىغا قويۇپ بېرىپ چاتىقى بولماي، پارتىيە بىلەن دۆلەتنى نۆۋەتتىكى كىشىنى ۋەس-ۋەسىگە سالىدىغان ۋەزىيەتنى مەجبۇرى قوبۇل قىلدۇرۇشتەك يولنى تۇتۇپ كېتىۋېرىدۇ.394 شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۆزىمۇ پارتىيە ئىچىدىكى كونا سەپداشلىرىدىن بارغانسىرى يىراقلىشىپ، ”ئۇلارنى ئۆزى بىۋاستە چاقىرىدىغانغا مەجبۇر بولمىغىچە ئىشىكىنى چىڭ تاقىۋېلىپ مېھمان كۈتۈشنى رەت قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ. — دەيدۇ دېيترىخ ئەسلىمىسىدە، — شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ پۈتۈن ئاماللار بىلەن ھەقەمسايلىرى ئوتتۇرسىغا توسالغۇ پەيدا قىلىشقا كىرىشىدۇ. … ئەندى ئۇ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىغا قارشى تۇرىدىغان ھەرقانداق بىر پىكىرگە تاقەت قىلالمايدىغان، بولۇپمۇ توغرىلىقى گۇمانلىق بولغان ھەر قانداق بىر ئىشقا قەتئى تاقىتى يوق بولۇپ ئۆزگەرمەكتە ئىدى.“
شۇ يىلى يازدا، «ھازىرقى زامان تارىخى» نىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى ئىگىناتيۇس فاير، ۋاچىنفېلد ھويلىسىغا كېلىپ ھىتلېرنى زىيارەت قىلغىنىدا فۈھرېرنىڭ ئۆتكەن يىلىغا قارىغاندا خېلىلا قېرىلىق يەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ ۋيېننادىكى كۈنلىرى ھەققىدە، مۇزىكا ۋە رەسىم سىزىش ھەققىدە، ھەتتا رۆم گۇرۇھىنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدە تىنماي سۆزلىسىمۇ، سىياسىي ئىستىقبال ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى. ئۇ يوقۇرى سالسبۇرگنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى ھەققىدە ئالاھىدە ماختاپ سۆزلەپ كېتەتتى. ئۇ پەقەت بۇ يەردىلا ”ھەقىقى نەپەس ئالالايدىكەنمەن، ھەقىقى تەپەككۈر بىلەن شوغۇللىنالايدىكەنمەن، ھەقىقى تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىيالايدىكەنمەن، … مەن بۇ يەردە بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى ئۆزەمنى ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى ئەسلىيەلەيدىكەنمەن، ئەگەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئازىراقلا كۈچۈم قالغىدەكلا بولسا، ئەلىۋەتتە. ئاھ، تەڭرى ۋە يۇلتۇزلىرىم ماڭا مەڭگۈ ھەمرا بولالىسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى!“ دەپ سۆزلەپ كېتىدۇ. ئۇ ھەدىسى ئانگېلا بىلەن بىرگە ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا ئولتۇرۇپ سالسبۇرگنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى مەززە قىلىپ تاماشا قىلغان ۋاقتلىرىدىمۇ ئوخشاشلا غەمكىن بولۇپ كۆرۈنەتتى. بەزىلەر ئۇنىڭ بۇرۇن خوشنا بىر دېھقاننى ئالدىۋالغانلىقىنى، بىر ئۆي سايمىنى سودىسىدا ئۇ دېھقاننىڭ مىڭ مارك پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقىنى دېيىشەتتى. بۇنداق گەپلەرگىمۇ چىرايىنى تۈرگىنىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئۆتكۈزىۋىتەتتى. ”ماڭا قارا ئادولف، — دەيدۇ ئانگېلا، — ئۇ ئىش ئۇنچىۋالا يامان ئىشمۇ ئەمەس. يەنە نەچچە ئون يىل ئۆتكەندە سەنمۇ قېرىپ يوقۇرى سالسبۇرگلۇق بىر بوۋايغا ئايلىنىپ قالغىنىڭدا، كىشىلەر مىڭ ماركنى، ئۇ پۇل مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ بولسۇن، ئۇنچە بەك مۇھىم ئىش ھېسابلاپ كەتمەس بولىدۇ!“ ھىتلېر بۇ گەپلەرگىمۇ ئۈندىمەي ئولتۇرىدۇ. ئاندىن ھەدىسىنىڭ مۆرىسىگە قولىنى ئالماپ، ”ئالدى بىلەن شۇ مىڭ مارك ئەتىراپىدىكى پۇل مەسىلىسى بۈگۈنكى كۈندە راستىنلا بىر مەسىلىگە ئايلاندى. بولمىسا مەن ھەرگىزمۇ يوقۇرى سالسبۇرگلۇق بىر بوۋاي ھالىغا كېلەلمەيمەن. چۇنكى قەدىرلىك ئانگېلا، مېنىڭ ئۇنچىۋالا كۆپ ۋاقتىم قالمىدى.“
شۇ يىلى ياز ئايلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، ئۇلار ئىككىسىنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى ئۆزگىرىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئانگېلا ئىنىسىنىڭ ئېۋا براۋن بىلەن بولغان ئۇنداق قىزغىن مۇناسىۋىتى (باشقا يەردە ئۇ قىزنى ”ھېلىقى دۆت كالۋا“ دەپلا ئاتايتتى) گە بارغانسىرى نارازى ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا ھىتلېر بىلەن ئۇنىڭ ئاشنىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشلىرى ئوڭۇشسىزلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئېۋا ئىككىنچى قېتىم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، ھىتلېر ئاشنىسىغا تېخىمۇ يېقىن بولۇپ كەتكەن ئىدى. تېخى يېقىندىلا، ئۇ سىڭلىسى تۇرىدىغان يەرگە يېقىنلا بىر يەردىن ئېۋا ئۈچۈن كەڭتاشا ئىككى قەۋەتلىك بىنا سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن بېرىدۇ. 30 مىڭ ماركلىق ئۆي پۇلىنى خوفمان تۆلىگەن ئىدى. سېتىۋالغان بۇ ئۆينى ئېۋاغا تاپشۇرۇشى، كۆرۈنۈشتە سىڭلىسى ئىككىسىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن تارتقان رەسىملىرىگە تۆلىگەن ئىش ھەققى ھېسابلىناتتى. ھىتلېرمۇ بەزىدە ئېۋانى يوقۇرى سالسبۇرگقا بىرگە ئېلىپ كېلەتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا، ئانگېلا ئېۋا بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەدەپ بىلەن ”قەدىرلىك خانىم“ دېيىشنىڭ ئورنىغا سوغۇقلا ”خانىم“ دەپ قوياتتى. ئانگېلا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ۋاچېنفېلدتا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ئېغىز ئۆي تۇتۇپ قويمايدىغان بولغاچقا، ئېۋامۇ ئامال يوق پلاتېرخوف مېھمان سارىيىدىن ئۆزىگە بىر ياتاق تۇتۇشقا مەجبۇر قالاتتى.
كۈز ئايلىرىدا، ئانگېلا ئاتا بىر ئانا باشقا بۇ ئىنىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەكلا يامانلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ ئاخىرى ئۆي خۇجايىنلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش قارارىغا كېلىدۇ. بەزى گەپ-سۆزلەردىن قارىغاندا، ھىتلېر، ئانگېلانى ئېۋا سەۋەبىدىن ئىشتىن چىقارغانمىش. ئەمما ئائىلە كىشىلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئاساسلىق تالاش-تارتىشلار ئانگېلانىڭ قايتىدىن توي قىلماقچى بولغانلىقىدىن ئوتتۇرغا چىققانمىش. ھىتلېر ھەدىسىنى ۋاچىنفېلدتا داۋاملىق ئۆي خوجايىنلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئانگېلا قەتئى ئۇنىماي،395 درېسدېندا قۇرۇلغان ”دۆلەتلىك بىناكارلىق جەمىيىتى“ نىڭ مۇدىرى، پروفېسسور مارتىن خاممىتزش بىلەن توي قىلىپ كېتىپ قالىدۇ (فۈھرېرنىڭ يەنە بىر نەۋرە ئىنىسى خانس ھىتلېرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ يەنە بىر جىدىلى، ئانگېلا ئاشكارە ئوتتۇرلاردا يۈرۈشتە چىڭ تۇرىۋالغان. “ئۇ ئۆزىنى مۇھىم بىرسى دەپ تونۇتۇشنى ئويلايدىكەن. … ئەمما ھىتلېر ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا زادىلا چىدىمايدىكەن.” ئۇنىڭ ئاپا تەرەپ بىر تۇغقىنى بولغان فرىتز پاۋلى بۇ ھەقتە تېخىمۇ بەتتەر ئىشەنچىسىز گەپلەرنى قىلىدۇ. ئۇ ھىتلېرنىڭ بىر يەھۇدىي ئايال بىلەن توي قىلىۋالغانلىقىنى، بۇئىشنى ھەممىگە ئاشكارىلىۋېتىمەن دەپ يۈرىدىغان ئاجايىپ قىزىقچى بىرى ئىكەن. شۇڭا ئۇ، بۇ ئىشنى كارتۇچكا شەكلىدە بېسىپ تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى، ئۇ يەنە ئايالىنىڭ روسىنتال دېگەن قىزلىق فامىلىسى نىمۇ ھىتلېرلار شەجەرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر شېخى قىلىپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭدەك يەنە، مانا بۇ ئادولف ھىتلېرنىڭ يەھۇدىي قانداشلىقىنىڭ بىر كۆرۈنىشى دەپ ئاتىۋالغان. يەنە بىر پىتنە-پاسات گەپلەردە بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ سىڭلىسى پاۋلانى قىزغىنىمىشكەن. ئەمما ئۇرۇشتىن كېيىن پاۋلا بۇنى قەتئى رەت قىلىدۇ. ھىتلېر ھەققىدىكى يامان گەپلەر ئوتتۇرغا چىقىپ ۋيېنناغا يېتىپ بارغان ۋاقتىدا، پاۋلا فامىلىسىنى ئورفقا ئۆزگەرتىۋالغان. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇ يەنىلا ئىشتىن چىقىرىۋېتىلگەن. ”مەن ميۇنخېنغا بېرىپ تۇرمۇشۇمدىكى قىيىنچىلىقلارنى ئاكامغا ئېيتتىم. ئۇ مېنىڭ ئەھۋالىمنى بەكلا ياخشى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ، بۇندىن كېيىن تۇرمۇشۇڭغا پۈتۈنلەي مەن مەسئۇل بولىمەن دەپ ئېيتتى“ دەيدۇ پاۋلا. ئادولف ئۇنىڭغا ئېيىغا 250 مارك بېرىپ تۇرغان. 1938-يىلىغا كەلگەندە بۇ پۇلنى 5 يۈز ماركقا ئۆستۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر يىلى روژدېستۋا بايرىمىدا ئۇنىڭغا 3 مىڭ مارك قىممىتىدە سوغات ئىۋەرتىپ تۇرغان، شۇنىڭدەك يەنە ئۇنىڭغا بىر ئۆيمۇ ئېلىپ ياردەم قىلغان. ئۇ بەزىدە ئارىلاپ يوقۇرى سالسبۇرگقا بېرىپ ئاكىسى بىلەن كۆرۈشۈپ كېلەتتىكەن. ئەمما ھەر قېتىمدا ئارانلا ئىككى ھەپتە تۇرۇپ كېلەلەيتتىكەن. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن قارىغاندا فۈھرېر ”بەكلا ئالدىراش“ بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ھەدىسىنىڭ تويىغىمۇ قاتنىشالمىغان — ئا. ھ. ئىزاھاتى).
شۇنداق قىلىپ، ئېۋا ۋاچېنفېلدنىڭ بىردىن-بىر ئايال خوجايىنىغا ئايلانغان (ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇ يەردىكى ئۆي پۈتۈنلەي يېڭىدىن سېلىنماقتا ئىدى). ھىتلېرنىڭ يازلىق سارىيى قىلىنىدىغان ۋاچېنفېلد تېخىمۇ كېڭەيتىلىيىشى، يەنى بۇ يەر يوقۇرى دەرىجىلىك دېپلوماتىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە مۇۋاپىق ھالغا كەلتۈرۈلىشى لازىم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېۋا ئۈچۈنمۇ ئايرىم بىر ياتاق ئۆيى، بىر ئېغىز گىرىم ئۆيى ۋە بىر مونچا ئۆيى تەييارلىنىدۇ. بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىلا ھىتلېرنىڭ ياتاق ئۆيى بىلەن كىتاپخانىسىغا يانداش سېلىنىدۇ. بۇ ھەشەمەتلىك بىنانى سېلىش (بىنانىڭ ئىسمى بېرگخوفقا ئۆزگەرتىلىدۇ)، شۇنىڭدەك تاغ بويىغا ھەشەمەتلىك ئەسلىھەلەرنى سېلىش ئىشىنى پۈتۈنلەي مارتىن بورمان ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىش باشلانغاندىن كېيىن بورمان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھەر بىر ئۇششاق-چۈششەكلىرىگىچە بىر-بىرلەپ زىغىرلاپ تەكشۈرۈپ يۈرۈپ راستىنلا چېكىدىن ئاشۇرىۋېتىدۇ. بىر قېتىم ھىتلېر چۈشلۈك تاماققا ئولتۇرۇپ، تامىقىغا دورا-دەرمەكلەردىن سېپىۋېتىپ قاتاردا بىر خىلىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمەي سورايدۇ. بورمان دەرھال تامىقىنى تاشلاپ قۇيۇندەك چىققىنىچە بېرلىنغا تېلېپون قىلىپ ئۇ نەرسىنىڭ تەپسىلى تەركىۋىنى سورايدۇ. ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، كۆڭلى باشقا يەردە، تېتىتقۇ ئىشىنى پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىۋەتكەن ھىتلېرغا كېلىپ رەسمى تۈردە دوكلات قىلىدۇ: ”فۈھرېرىم، سىز سورىغان بايىقى تەملەندۈرگۈچىنىڭ تەركىۋى مۇنداق ئىكەن: …“ ئەمما ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۇنچىۋالا سىلىق ئەمەس ئىكەن، ھەتتا بەكلا قوپال مۇئامىلە قىلاتتىكەن. بىر قېتىمىدا، ئۇ ھېسنىڭ خۇسۇسى كاتىبى ھىلدېگارد فاتقا ئېغىزچە يوليورۇق بېرىۋېتىپ، تۇيۇقسىزلا كاتىپتىن كۆزئەينىكىنى ئېلىۋېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بۇنىڭغا كاتىپ ئۇنىمىغىنىدا بورمان دەرھال ئۇنىڭ كۆزئەينىكىنى يۇلۇپ ئېلىپ ئىككى پارچە قىلىۋەتكەن: ”مانا قارا، كۆزئەينەكسىز تېخىمۇ چىرايلىق كۆرىنىدىكەنسەن!“
بورماننىڭ بۇنچە ئاشۇرىۋېتىدىغان مىجەزىگە قاراپ باشقىلار ئۇنى ئاستا-ئاستا كۆزگە ئىلماس بولىۋالىدۇ. ئېسېرمۇ شەرەپ بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك بىر خىزمەتكە يۆتكىۋېتىلىدۇ _ يەنى ئۇ ساياھەت ئاگېنتى قىلىپ يۆتكىۋېتىلىدۇ. روزېنبېرگنىمۇ ئالدىغا چىقالمايدىغان ئىشلارغا قويىدۇ. ھەتتا خانفىستايىنگىلمۇ سوغۇق مۇئامىلىگە دۈچ كېلىشكە باشلايدۇ. خانفىستايىنگىل كىشىنىڭ يۈزىنى قىلمايدىغان ئۇدۇل سۆزلۈك بىرى بولغاچقا، ئۇمۇ پارتىيە ئىچىدە گۇمانلىق ئۇنسۇر دەپ قارىلىدىغان، ھەتتا قارا تىزىملىككە چۈشۈپ قاپتۇ دەيدىغان مىش-مىش گەپلەرمۇ تارقىلىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، 1936-يىلى، ھېلېنانىڭ ئۇنىڭدىن ئاجرىشىشى تەستىقلانغىنىدىن كېيىن، خانفىستايىنگىل بىلەن ھىتلېر ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇناسىۋىتىمۇ ئۈزۈلگەن ھېسابتا ئىدى. ھىتلېر ئۇلارنىڭ ئايرىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقىنىدا، ئىتتىكلا ”شۇنداقمۇ، ئۇنداقتا ھېلېناغا دەرھال بىر تېلېگرامما يوللاپ بەخىت تىلىسەم بولغىدەك. — دېگەن بولسىمۇ، دەرھال گېپىنى ئۆزگەرتىپ، — ياق، ئۇنداق قىلسام بولمىغىدەك. — دەيدۇ. ئاندىن ئۇ — خانفىستايىنگىل خانىم دېگەن گېرمانىيىدە كام تېپىلىدىغان ھەقىقى ئېسىلزادە ئاياللاردىن بىرى“ دەپ قوشۇپ قويىدۇ. شۇندىن كېيىن ھىتلېر بۇ ئايالغا تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ گۈل ئىۋەرتىشنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ.
خانفىستايىنگىل كۆڭلىدىكى ئەنسىرەشلىرىنى ئوغلى ئېگونغا سۆزلەپ بېرىدۇ.396 بۇ چاغدا ئوغلىمۇ 15 ياشقا كىرىگەن ئىدى. شۇ يىلى يازدا، ئاتا-بالا ئىككىسى ستارنبېرگ كۆلىدە ساياھەت قىلىۋېتىپ كۆل ئوتتۇرسىغا كەلگىنىدا يەلكەن چۈشۈرۈپ قېيىقنى توختىتىدۇ. ”ئوغلۇم، ساڭا دېمەكچى بولغانلىرىمنى ئېسىڭدا چىڭ تۇت، دېگەنلىرىمدىن بىر ئېغىزىنىمۇ ئېسىڭدىن چىقارما: ۋەزىيەت ياخشى ئەمەس. دەسلىۋىدە بىز ھەممىمىز بۇ ھەرىكەتكە تولۇق ئىشەنگەن ئىدۇق، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مەن ھازىرمۇ بۇنىڭغا ئىشىنىشكە تىرىشىپ كەلمەكتىمەن. — دەيدۇ ئوغلىغا. ئۇ، نۇرغۇنلىغان خىيانەتچىلىك، چىرىكلىلىشىشلەرنى كۆرىۋاتقانلىقىنى، ھىتلېرمۇ بىر ئۇچۇم ئىپلاس جىنايەتچىلەر ۋە پو ئېتىپ يالاقچىلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭلا گېپىنى ئاڭلايدىغان بولىۋالغانلىقىنى، — ئەگەر مۇشۇ بويىچە مېڭىۋەرسە چوقۇم ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز، يەنى ئېنگلىزلار ۋە ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بولىمىز. بۇ ئاقىۋەتتە گېرمانىيە ۋە پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت كېلىشى مۇمكىن.“ نۆۋەتتە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەھۋاللار پۈتۈنلەي قالايماقانلىشىپ كەتتى. چۇنكى ئەمەلدارلارنىڭ كەينىدە بىر ئۇچۇم كېرەككە كەلمەس كىشىلەر يىغىلىۋالغان. ”تەڭرى بىلىدۇ، مەن ھىتلېر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنى سەزگۈر بولۇشقا ئۈندەپ باقتىم.“ ئەمما دېگەنلىرىم ئۇنىڭ قۇلىقىغىمۇ كىرىپ چىقمىدى. ”ۋەزىيەتنىڭ ئېنىق بولماسلىقىدىن ئەنسىرىمە دەپلا تۇرىۋالدى. ئۇ ۋەزىيەتنى چوقۇم چۈشىنىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردارلا بولىدىكەن، مەسئولىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.“ ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئەزەلى دۈشمىنىم ئاممىنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلدى دېگەن تۆھمەت بىلەن ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، ”ئەمما ئۇلار بۇ ئىشنى قاملاشتۇرالماي ئاخىرى مەغلوب بولدى، مەنمۇ ئۆزمنى تولۇق ئاقلاپ چىقتىم، شۇنىڭغا قارىماي دۈشمەنلىرىم زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدىن تېخىچە يانغىنى يوق، پات يېقىندا مەنمۇ جېنىمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغاندەك قىلىمەن، ئۇلار ھامىنى بىر كۈنى مېنى تازىلىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ“ دەيدۇ.
بۇ گەپلەرگە ئوغلىمۇ تولا بەك ھەيران ئەمەس ئىدى. چۇنكى ئۇمۇ ھىتلېرنىڭ ئۆزگىرىپ بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئۇقالمايۋاتقىنى، دادىسىنىڭ نېمىشقا شۇ چاققىچە قېچىپ بۇ بالادىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنماسلىقى ئىدى. خانفىستايىنگىل ئۇنىڭغا، بۇ ئىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇ ئەينى ۋاقتىدا پارتىيىنىڭ ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ياردەمچى بولغان، نەچچە قېتىم سىياسىي ۋە جىسمانى جەھەتتە فۈھرېرنى خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى، ”ھەممىمىزنىڭ بۇ ئىشلاردا مەسئولىيىتىمىز بار. ئەسلىدە ئىشلىرىمىزنىڭ ئاساسى ۋە يۈزدە توقسەن بەش پىرسەنت غايىمىز ياخشى ئىدى. شۇڭا پۈتۈنلەي ئۈمىد ئۈزىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ دەپ قارايتتىم.“
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار ئىككىسى قېچىىش پىلانىنىمۇ تۈزىدۇ. بۇ پىلانىنىڭ مەخپى بەلگىسى ئۈچۈن مۇشۇ قىيىقنىڭ ئىسمىنى تاللىۋالىدۇ. ئەگەر يېزىشقان خەتلىرىنىڭ بېشىغا ”بەلكىم“ دەپ يېزىلغان بولسا، ئېگوننىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ شىۋىتسارىيىگە بېرىۋال دېگەننى بىلدۈرەتتى. ئۇ يولغا چىققاندا بۇ ئىشىنى ھېچكىمگە دېمەسلىكىنى، ھەتتا ئاپىسىغا دېيىشكىمۇ بولمايدىغانلىقىنى تاپىلايدۇ. ئاپىسى دادىسىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولغاچقا، ئېگون ئاپىسىنىڭ بۇ ئىشقا چېتىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولاتتى. ھىتلېر ئاپىسىنى چوقۇم بۇرۇنقىدىنمۇ بەكىرەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ”شۇڭا خۇددى ھېچ نېمىنى بىلمىگەن كىشى بولىۋېلىپ، داۋراڭ قىلىپ ۋاقىتنى ئۇزارتىپ يۈرمەي غىپلا قىلىپ كېتىپ قىلىشى“ نى تاپىلايدۇ.
دېگەندەك، يېرىم يىلغا قالماي بۇنداق خەتەر يېتىپ كېلىدۇ. خانفىستايىنگىلنى ئىسپانىيىدىكى گېرمانىيىلىك مۇخپىرلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسىتىدە دەرھال ئىسپانىيىگە قاراپ ئۇچۇشىغا بۇيرۇق كېلىدۇ. ئەمما ئايروپلان ھاۋاغا كۆتۈرۈلىشى ھامان، ليوتچىك خانفىستايىنگىلغا: مەن بۇيرۇق بويىچە بارسېلونا بىلەن مادىرىت ئوتتۇرسىدىكى ”قىزىللار رايونى“ غا كەلگەندە ئايروپلاندىن پاراشوتلۇق ئاتلاش ئۇچۇن بۇيرۇق ئالدىم دەيدۇ. خانفىستايىنگىل ۋارقىرىغىنىچە، بۇ دېگىنىڭىز مېنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىق! دەيدۇ. ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان ليوتچىك، بۇ بۇيرۇققا ئايروپلان كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا گيۆرىڭ قول قويغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي ئايروپىلاننىڭ بىر ماتورىدىن غاچىلدىغان ئاۋازلار كېلىشكە باشلايدۇ. ئۇچقۇچى ئايروپىلاندا كاشىلا چىققانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاندىن ئۇ خانفىستايىنگىلغا چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن قاراپ مۇنداق دەيدۇ: مەن دەرھال كىچىكىرەك بىر ئايروپورت تېپىپ قونۇشقا تىرىشاي. ئۇ ئايروپىلاننى يەرگە قوندۇرغاندىن كېيىن، خانفىستايىنگىلمۇ يالغاندىن بېرلىنغا ئەھۋالدىن مەلۇمات بەرمەكچى بولۇپ تېلېفون بوتكىسىغا قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ. ئۇ تېلېفون بوتكىسىدىن چىقىپ ئۇچقۇچىغا، فۈھرېر ئۇنى دەرھال ئۇففىڭغا قايتىپ كېلىشنى بۇيرىدى دەيدۇ. شۇڭا ئۇ ميۇنخېنغا ماڭىدىغان كېچىلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىپ، ئەتىسى سەھەردە زۇرىخ _ سيۇرىخ پويىزغا ئالمىشىۋالىدۇ. شۇ يەردە ئۇ ئوغلىغا شىفىرلىق بىر پارچە خەت ئىۋەرتىدۇ. ئېگونمۇ بىر قانچە قۇر كىيىم-كىچىكىنى قاتلاپ فۈھرېرنىڭ بىر پارچە رەسىمىنى يېنىغا ئېلىپ سيۇرىخقا قا ماڭىدىغان پويىزغا چىقىدۇ.397 ئۇ پويىز ۋاگۇنىنىڭ ھاجەتخانىسىدا بىر قانچە سائەت يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. يېرىم كېچىدە ئۇ دادىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. (تا يېقىنلارغىچە شۇ قېتىمقى ئايروپىلان كاشىلىسىنى خانفىستايىنگىلغا قارا چاپلاش ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئۇيدۇرۇپ چىقارغان بىر قېتىملىق چاقچىقى دەپ قاراش بار ئىدى. چۇنكى ئۇ ئىسپانىيىدە جەڭ قىلىۋاتقان نېمىس قوشۇنلىرىنى جاسارەتلەندۈرۈشكە زىيانلىق بىر نۇتۇق سۆزلىگەن. ئەمما خانفىستايىنگىلنىڭ 1970-يىلى نەشرى قىلدۇرغان «ئاق ئۆي بىلەن قوڭۇر ئۆي ئوتتۇرسىدا» دېگەن كىتابىدا، ئاپتور گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيە گېنېراللىرىدىن بولغان گېنېرال ۋون شىۋەنبېكنىڭ بىر پارچە خېتىنى بېرىدۇ. بۇ خەت، شۇ قېتىملىق ئايروپىلان ھادىسىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر قېتىملىق سۈيىقەست ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. — ئا. ھ. ئىزاھاتى)
4
شەخسى مۇئامىلىلەردە گەرچە ھىتلېر نۇرغۇن قېتىم كۆڭلى پاراكەندە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ گېرمانىيە ھەممىدىن ئۈستۈن دېگەن يولدا ھەرگىز ئىككىلىنىپ يۈرمەيتتى. 1936-يىلى يازدا، ئۇ ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق بىر مەسىلىنى قەلەمگە ئالىدۇ، يەنى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇزۇن بىر پارچە مېموراندۇم تەييارلايدۇ. بۇ ئەسلەتمىنى ئۈچ نۇسخا كۆچۈرۈپ گيۆرىڭ بىلەن بلومبېرگلارغا بىر نۇسخىدىن بېرىپ، قالغان نۇسخىسىنى ئۆزىگە ئېلىپ قالغان ئىدى. ھىتلېر بۇ مېموراندۇمدا، گېرمانىيىنىڭ قانچىلىك يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن، ھەربى كۈچىمۇ شۇنىڭغا ماس كۈچلىنىشى كېرەك. بۇ ئىنتايىن جىددى بىر ۋەزىپە بولۇپ، ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. گېرمانىيە خام ئەشياسى يېتەرسىز بىر دۆلەت بولۇپلا قالماي، نوپۇسىمۇ ئارتىپ كەتكەن، ئۆزىنىڭلا تۇپرىقىغا تايانغىنىدا ئۆز-ئۆزىنى بېقىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ”بۇنداق گەپنى تەكرارلاۋېرىشنىڭ قىلچىمۇ ئەھمىيىتى يوق. بىز بۈگۈندىن باشلاپ بۇ ئىشنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالىغىنىمىزدىلا، كەلگۈسىدە بىر كۈنى بۇ مەسىلىنى ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلالىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزىمىزنى ئازىراق يەڭگىللەشتۈرىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ھاياتلىق ماكانىمىزنى كېڭەيتىش، ياكى دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ خام ئەشيا ۋە يېمەكلىك مەنبەسىنى كېڭەيتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. — ئۇنىڭ ئەسلەتمىسىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ، — ئاخىرقى ھېسابتا خام ئەشيا يېتەرسىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىشى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. بۇ مەسىلىنى يەنە بىر قېتىملىق چوڭ ئۇرۇش بولغىنىدا ھەل قىلىشنى كۈتكىنىمىزدىن كۆرە، بۈگۈنكىدەك تىنچلىق پەيتىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرۇشىمىز ۋە بۇ ئىشنى ھەل قىلىشقا تۇتۇش قىلىشىمىز ئەڭ ئاقىلانىلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئېھتىياجلىرىمىز بولسىمۇ، ئۇلارنىمۇ ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىقتىسادىي تەكشۈرۈش ۋە سىناق قىلىش ئىشىغا كىرىشىشىمىز لازىم. بىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تەمىنلىيەلەيدىغان ئىقتىسادىي ئىگىلىكىمىزنى تىكلىۋېلىش ئارقىلىق مۇنۇ نىشانلارغا يېتىۋېلىشىمىز شەرت: بىرىنچى نىشانىمىز، گېرمانىيە ئارمىيىسى تۆت يىل ئىچىدە چوقۇم ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتتۈرىۋېلىشى؛ ئىككىنچى نىشانىمىز، گېرمانىيە ئىگىلىكى يەنە تۆت يىل ئىچىدە چوقۇم ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بولىشى شەرت.“
شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا، ئۇ يەنە ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى مۇستەھكەملىۋېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يۈرگىنىدە،، بۇنچە كۈچلۈك غەيرەت-شىجائەتكە ئىگە ۋە شۇنچە قۇۋ رەھبىرىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ئېنگلىزلار كەينى-كەينىدىن ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر دۆت ئىكەنلىكىنىمۇ ئىپادىلەپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇلار، يول قويۇش ۋە ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ۋاستىلىرىغا تايىنىپ ھىتلېرنى يولغا سېلىۋالالايدىغانلىقىغا قەتئى ئىشىنەتتى. ئەمما ھىتلېر بولسا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىلا ئېنگلىزلارنىڭ خاتالىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلار بىلەن مادارە قىلىپ يۈرۈپ كېلىشىم تۈزىۋالالغان، شۇنىڭدەك يەنە ئىنتايىن مۇجىمەل بىر شەكىلدە شەرتنامىغىمۇ ئىمزا قويدۇرىۋالغان ئىدى. ئۈمىد ۋە ئاق نىيەتلىك ئەنگلىيە دۆلەت ئەربابلىرى داۋاملىق گېرمانىيىگە قاراپ ئېقىن قىلماقتا ئىدى. گېرمانىيىدىن قايتىپ كەلگەن تارىخشۇناس ئارنولد تويىنبې ئاخىرقى ھېسابتا ھىتلېرنى تىنچلىق ئارزۇسىغا ئىگە بىرسى دەپ ئىشىنىپ قالغان. ۋېرسال ئەھدىنامىسىنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى باش ۋەزىر داۋىد لويد گيورگمۇ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ”گېرمانىيە پادىشاھسىنى دارغا ئېسىش“ شۇئارىنى توۋلاپ كەلگەن بىرسى بولىشىغا قارىماي، ئۇمۇ شۇنداق بىر قاراشتا ئىدى. 4-سىنتەبىر چۈشتىن كېيىن، ھىتلېر بېرگخوف پەلەمپىيىدە تۇرۇپ ئۇنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋالىدۇ. ”ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن شەخسەن مەن ئەزەلدىن قىزغىن بولۇپ كەلگەنمەن. — دەيدۇ لويد گيورگ، — ئۇرۇش ئاخىرلاشقان ۋاقتىدا مەن شەخسەن بۇ جەھەتتە قايتىدىن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدىم.“398 ئۇ يەنە ئەگەر ھازىردىن باشلاپ ھەرىكەتكە كېلىپ كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە بىر كېلىشىم ئىمزالانمىغىنىدا ئىككى دۆلەت چوقۇم زىتلىشىش يولىغا كىرىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
”مەنمۇ بۇ پىكىرىڭىزگە چىن قەلبىمدىن قوشۇلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.“ دەيدۇ ھىتلېر جاۋابەن. ئۆزىنىڭ ياش ۋاقىتلاردىلا بۇنداق بىر ئىتتىپاقداشلىقنى خىيال قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئىتتىپاقداشلىقى، ئاساسەن بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىدىن مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى، كەلگۈسى ئىلغارلىققا تەھدىت بولىدىغىنى بولشېۋىكچىلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ، دەرھال قوشۇمچە قىلىدۇ: بۇ دېگەنلىرىنىڭ خىيالىي ۋەھىمە ئەمەسلىكىنى، بۇ بىر ئەمەلىي خەۋىپ ئىكەنلىكىنى، شۇنداق ئىكەن، غەربى ياۋروپا چوقۇم بىر پۈتۈن ئىتتىپاق ھالىغا كېلىپ بولشېۋىكچىلىككە قارشى ھەرىكەتكە ئاتلىنىشى زۆرۈرلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇ، ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇ يەردە بولشېۋىكلارنىڭ ئىسپانىيىنى قولغا كىرگۈزۈشكە كىرىشكەنلىكىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ”مەن نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا غەم يەپ كېتىمەن؟ مەن ھەرگىزمۇ رۇسىيىنىڭ گېرمانىيىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرىمەيمەن. ئەمما ئەتىراپىمىزدىكى پۈتۈن دۆلەتلەر بولشېۋىكلىشىپ كەتسە، ئۇ ھالدا بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىگىلىك ھالى نېمە بولۇپ كېتەر؟ شۇڭا بۇ يەردىكى ھەممە ئىش بىرلا پارتلاشقا باغلىق.“
مېھمان ئۇزاپ چىققاندىن كېيىن، ھىتلېر يەنە بىر يېقىنى خېيىنس لىنگقا مۇنداق دەيدۇ: سابىق باش ۋەزىرنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئەنگلىيە ئەينى ۋاقتىدا ئىچكى جەھەتتە تەسلىم بولۇشقا يېقىنلىشىپلا قالغان ئىدى. ”مەن لويد گيورگقا بۇ دېگىنىڭىزگە قوشۇلىمەن، ئەمما گېرمانىيىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەت، ئۇ چاغدا ’سائەت ئون ئىككىگە بەش مىنۇت قالغىنىدا تەسلىم بولغانلىقى‘ دېدىم. مېھمان ئۇنىڭ دېگىنىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دېگىنىڭىزدەك گېرمانىيە ئۇ ۋاقىتتا بەكلا ئالدىراپ تەسلىم بولغان ئىدى دېدى. ئەمما مەن ئۇنىڭغا، ئەگەر گېرمانىيە بىلەن ئەنگلىيە قايتا ئۇرۇشۇپ قالغىدەك بولسا، مەن فۈھرېر بولۇپلا تۇرىدىكەنمەن، بۇ قېتىم گېرمانىيە چوقۇم سائەت ئون ئىككىدىن بەش مىنۇت ئۆتكەنگىچە ھەرگىز ئەل بولمايدۇ دېدىم.“
شمىدت باش ۋەزىرگە ھەمرا بولۇپ مېھمانخانىغا قايتىدۇ. مېھمانخانا كىرىشىدە، لويدنىڭ قىزى شاڭخو قىلىپ ”ھىتلېرنى قارشى ئالىمىز!“ دەپ قىزىقچىلىق قىلىدۇ. ئەمما سابىق باش ۋەزىر ئۇنىڭ بۇ چاقچىقىغا ئېتىبار قىلماي، ”تەبىئىكى ھىتلېرنى قارشى ئالىمىز! — دەيدۇ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي، — مەنمۇ شۇنداق ھېسابلىدىم، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ بىر ئادەم ئىكەن!“
شۇنداق پەرەز قىلىشقا بولىدىكى، 1936-يىلقى نيۇرېمبېرگتا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش مۇراسىمىدا لويد گيورگ ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق تەسىرلىنىپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى خاتىرلەش پائالىيىتى بۇرۇنقى خاتىرلەش كۈنلىرىدىن ھەقىقەتەنمۇ ئالاھىدە كۆركەملىك ئۆتكەنلىكىنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرغىنىمىزدىمۇ، بۇ مۇراسىم يەنە مۇنداق ئىككى چوڭ ھەرىكەتنىڭمۇ سىموۋۇلىغا ئايلانغان ئىدى: ئۆز-ئۆزىنى قامداشنى غايە قىلىپ يولغا قويۇلغان ”تۆت يىللىق پىلان“ ۋە ”قالايماقانچىلىق چىقىرىدىغان كۈچلەر“ دەپ ئاتالغان بولشېۋىكلارغا قارشى ھەرىكەت قوزغاش. يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ھاۋا ئۇچۇق ئىدى. نيۇرېمبېرگنىڭ كاتتا ستادىيومىدا، ھىتلېر بۇ يەرگە يىغىلغان 160 مىڭ نەپەر قوڭۇر كۆڭلەكلىك پارتىيە مۇرتلىرى بىلەن ئېس-ئېسچىلارغا نۇتۇق سۆزلەپ، بولشېۋىك خەۋىپى ئۈستىدە بەكلا كۆپ توختىلىدۇ. ئاندىن ئۇ، ئۈستى ئوچۇق مەرسەدېس پىكاپقا ئولتۇرۇپ شەھەرگە قايتىدۇ. ئۇ يول بويى تار كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بالكونلارغا چىقىپ ئۇنىڭغا تەنتەنە قىلىشىۋاتقان قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەرگە قول ئىشارىتى قىلىپ سالام بېرىپ ئۆتىدۇ. تاسسىس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخپىرى رىچارد ھېلمسنىڭ پىكاۋىمۇ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. 5~6 نەپەر داڭلىق گېزىت مۇخپىرىمۇ ھېلمس بىلەن بىرگە كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا نيۇرېمبېرگ قەلئەسىدە فۈھرېر بىلەن بىرگە چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.
”بىز ئۇ يەرگە بارغىنىمىزدا، — دەيدۇ ھېلمس شۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ئەسلەپ كېلىپ، — مەنمۇ ئۆزەمنى مەغرۇر تەلۋىدىن بىرى ھېس قىلغان ئىدىم. ئۇ يەردىكى شۇنچە ھاياجانلىق ئالقىش سادالىرى مېنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئۆزەمنى خۇددى 10 فۇت (بىر فۇت تەخمىنەن 30.5 سانتىمېتىر — ئۇ. ت) ئۆسۈپ ئىگىزلەپ قالغاندەكلا ھېس قىلغان ئىدىم!“ دەيدۇ.
مېھمانلار شەھەر قەلئەسىنىڭ ئىگىز مۇنارىسىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۇلار بۇ يەردە، ھىتلېرنىڭ ئۇنچىۋالامۇ ئۈركۈپ كەتكىدەك بىرسى ئەمەسلىكىنى كۆرىدۇ. ھېلمسقا يەنىلا ھىتلېرنىڭ خۇش پېئىل چىقىشقاق مۇئامىلىسى قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ سەل ئاۋالقى ئۇنداق كۆز چاقنىتىدىغان ياسالمىلىق قىلىشلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان، دەل ئەكسىنچە تەمتىرەپ پۇت-قوللىرىمۇ تىنماي تىتىرەيتتى.399 ئالدىمىزدا تۇرغان بۇ كىشىنىڭ تېخى باياتىنلا تەلۋىلەرچە قىزغىن ئالقىش سادا كۆتەرگەن ئېس-ئاچىلارغا بىلىكىنى شىلتىپ، ”سىلەرنىڭ مېنى، نەچچە ئون مىليون كىشى ئارىسىدىكى مېنىڭدەك نامسىز بىرسىنى تونۇپ تاللىۋالغىنىڭلار، بۇ دەۋرنىڭ بىر مۆجىزىسى! — دەپ قاتتىق توۋلىغان كىشىنىڭ دەل بۇ ئادەم ئىكەنلىكىگە ئادەمنىڭ پەقەتلا ئىشەنگىسى كەلمەيتتى.“ تەبىئىكى، ئارىدىن بىرەرسى چىقىپ بولشېۋىكلار ھەققىدە بىر نېمە دېيىشكە باشلىشى ھامان، ئۇنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ، گەپلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلەتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەنە قايتىدىن بايىقى ناتىق ھالىغا قايتقان ئىدى. ئۇ، موسكۋا بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن چارىلارنى ئىشقا سېلىپ ياۋروپانى تېزگىنلىمەكچى ئىكەنلىكىنى، ئەمما گېرمانىيە بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويالمايدىغانلىقىنى، ”كىشىلەر، بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن بولشېۋىكچىلىققا شۇنچە تەلۋىلەرچە قارشى چىقىپ كەلگەنلىكىمىزنى پەقەتلا چۈشەنمىدى. سەۋەبى، بىزنىڭ يەنە ئىتالىيىمىز بار. بىز ھەممىمىز ئىسپانىيىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىلىمىز“ دەپ بولشېۋىكلارنى سۆكۈپ كېتىدۇ. تۆۋەندىكى يوللاردا كىشىلەر تەرتىپلىك بىر شەكىلدە ”بىزگە فۈھرېرىمىز كېرەك، ئۇنى كۆرۈشىمىز كېرەك!“ دەپ ۋارقىراشماقتا ئىدى. شۇڭا، ھىتلېرمۇ مۇنارىدىن ئۆزىنى كۆرسىتىپ ھەۋەسكارلىرىغا سالام بېرىدۇ. ھېلمس قايتىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئالغاندا، ئۇنىڭ مۇنار ئۈستىدە كۆرگەنلىرى تەنتەربىيە سارىيىدا كۆرگەنلىرىنمۇ كۈچلۈك تەسىر قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ يەردە كۆرگىنى، ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ ”كىشىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان بىرسى، ئۇنىڭ پىلانلىرىنىمۇقۇسۇرسىز پىلان دېيىشكە بولاتتى.“
مۇراسىمنىڭ ئاخىرقى كۈنى، خەلق ئاممىسى زور كۆلەملىك ھەربى مانىۋېرنى تاماشا قىلىدۇ. تەقلىدى ئايروپىلان ئۇرۇشى كۆرسىتىشى بىلەن ئەڭ يېقىنقى زامانىۋىلاشقان زېنىت پىلموت ئۈنۈمىنى كۆرسىتىش نومۇرلىرىدىن كېيىن، ستادىيومدا بىر مەيدان ھەقىقى ئۇرۇشنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ماشىنىلاشقان جەڭ نومۇرى كۆرسىتىلدى. شۇندىن كېيىن پارتىيە قۇرۇلۇش كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىمۇ ئاخىرلاشقان ھېسابلاندى. يەنى بىر تەرەپتىن تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق يېڭى نىشان ئېلان قىلىنغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قورقۇنۇشلۇق قۇراللىق كۈچ تەھدىتى نامايىشى كۆرسىتىلدى. فۈھرېرنىڭ ئىزچىل توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلار پارتىيىنىڭ سادىق مۈرتلىرىلا بولۇپ قالماي، ھەتتا لويد گيورگمۇ گېررمانىيىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىغا شەكسىز ئىشىنىپ قايتقان ئىدى. «كۈندىلىك تىز خەۋەرلەر» گېزىتى بىر پارچە ماقالىسىدا، ھىتلېر يالغۇز بېشىغا گېرمانىيىنى ئوت-بالا ئىچىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى؛ ئۇ ھەقىقەتەنمۇ تۇغما داھى بولۇشقا لايىق قەتئى ئىرادىلىك، ھارماس قەھرىمان خاراكتېرىگە ئىگە، ياشانغانلارنىڭلا ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ قالماي يەنە ياشلارنىڭمۇ چوقۇنىدىغان بىر ئادىمىغا ئايلانغان دەپ يازىدۇ.
يېڭى باشلانغان بۇ سەپەردە لويد گيورگ رەسمى ئاخماق قىلىنىپ ئويۇنغا دەسسىتىلگەن ئىدى. بۇندىن ئىلگىرى، ھىتلېر ئىتالىيە بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ، خانس فرانكنى رىمغا ئىۋەرتكەن، مۇسسولىننى گېرمانىيىگە كىلىپ زەيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. ھەتتا ئۇنى ئىتالىيىنىڭ مۇستەبىتى سۈپىتىدىلا ئەمەس بەلكى فاشىزمنىڭ قۇرغۇچىسى سۈپىتىدە زىيارەتكە تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ چاغدا، مۇسسولىن گېرمانىيە بىلەن چىن قەلبىدىن مۇناسىۋەت تىكلەشنى ئارزۇ قىلماقتا ئىدى. شۇڭا ئۇ، گېرمانىيە زىيارىتى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىقلارنى قىلىش مەقسىدىدە كۈيئوۈلى، ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گراف گالېئاززو سىئانونى 21-ئۆكتەبىردە ئايروپلان بىلەن بېرلىنغا ئىۋەرتىدۇ. سىئانو دەسلىۋىدە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نېۋرات بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ. ئىتالىيىلىكلەرنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نېۋرات، رىببېنتروپنىڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەنگلىيە-گېرمانىيە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تىكلەش خىيالى ھەققىدە مەسخىرىدە بولغان. سىئانو يەنە يېڭى لوكارنوۋ ئەھدىنامىسىنى ئىمزالاشقىمۇ ئوخشاشلا ئىشەنمەسلىك پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، ئىتالىيىنى بىرلەشكەن مىللەتلەر جەمىيىتىدە قېلىپ ”بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق ئورتاق مەقسەتكە يېتىش“ نى تەكلىپ قىلغان. ئۈچ كۈندىن كېيىن، سىئانو بېرگخوفتا ھىتلېر بىلەن كۆرۈشىدۇ. ھىتلېر، قارشى تەرەپنى قايمۇقتۇرۇش مەقسىتىدە: ”مۇسسولىن دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق سىياسىيون. شۇڭا ئۇنى ھەرگىزمۇ باشقا كىشىلەرگە سېلىشتۇرغۇلى بولمايدۇ“ دەپ مەدىھىيلەيدۇ. ئاندىن ئۇ، نېمىس خەلقى بىلەن لاتىن خەلق بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان ئىككى خەلق؛ ئەگەر ئۇلار بىرلىككە كېلىپ ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتالايدىغانلا بولىدىكەن، بولشېۋىكچىلىق بىلەن غەرب دېموكراتىيىسىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇلارغا تەڭ كېلەلەيدىغان ھېچ كىم چىقمايدۇ دەيدۇ.
كۈيئوغلى سىئانوغا ئەنگلىيە -گېرمانىيە مۇناسىۋىتىگە زىددىيەت سېلىش ھوقۇقىنى بەرگەن مۇسسولىن، ئىتالىيە قولغا چۈشەرگەن بىر پارچە ھۈججەتنى سىئانوغا تاپشۇرىدۇ.400 بۇ ھۈججەت، ئەنگىلىيىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ لوندونغا يوللىغان تېلېگراممىسى ئىدى. تېلېگراممىدا ھىتلېر ھۆكۈمىتى خەتەرلىك بىر تەۋەككۈلچى دېيىلگەن ئىدى. فۈھرېر بۇ تېلېگراممىنى ئوقۇپ غەزەپتىن قايناپ كېتىدۇ: ”ئەنگىليىلىكلەرنىڭ قارىشى بويىچە دۇنيادا ئىككى دۆلەت تەۋەككۈلچىلەر تەرىپىدىن يىتەكچىلىك قىلىنماقتىمىش. بۇلارنىڭ بىرسى گېرمانىيە، يەنە بىرسى بولسا ئىتالىيەمىش! ھالبۇكى، ئېنگلىزلار بۈيۈك بېرىتانىيە ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇش ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ يىتەكچىسىمۇ بىر تەۋەككۈلچى ئەمەسمىدى؟ بۈگۈنكى ئەنگىليە، ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسىلا كارغا كەلمەس نەرسىلەر.“ ئۇ سىئانوغا گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيىنىڭ قايتىدىن قۇراللىنىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز ئىلگىرلىەۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئەنگىليىدىن ئەنسىرەپ يۈرۈشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق، 1939-يىلىغا بارغاندا، گېرمانىيە ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ، 4~5 يىل ئىچىدە ئۇرۇش تەييارلىقىمىز تەييار بولۇش دەرىجىسىدىن ئاللىمۇ قاچان ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ دەپ ۋەدە بېرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، سىئانو بىلەن نېۋرات بېرلىندا بىر مەخپى كىلىشىم ئىمزالاپ يېڭى مۇناسىۋەت تىكلەش بىلەن بىرگە، كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىق ئورنىتىشنى قارار قىلىشىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە، مۇسسولىن مىلاندىكى دۇئومو مەيدانىدا سۆزلىگەن بىر نۇتقىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەندە ئىشلەتكەن سۆزلىرى، غەربلىكلەرنىڭ قۇلىقىغا بەكلا يامان ئاڭلىنىدۇ: ”… بېرلىن بىلەن رىمنىڭ بىر ئوق بولۇپ شەكىللىنىشى ھەرگىزمۇ بىر توساق قويۇش بولماستىن بەلكى بىر ئوق مەركىزى قۇرغانلىقى، تىنچلىققىنى قوغداش ھەمكارلىقىنى ئورنىتىشقا ئىرادىسى بولغانلىكى ياۋروپا دۆلىتى مانا بۇ ئوقنى دەۋر قىلىپ ئايلىنىدۇ.“
1936-يىلى كۈز ئايلىرىدىن كېيىن، ھىتلېر ئاساسەن ئىسپانىيە غېمىدىلا قالغان ئىدى. بۇنىڭ ئالدىدا، فۈھرېر، فرانكوغا سانى ئاز بولسىمۇ ئەھمىيىتى چوڭ تەمىنات يەتكۈزۈپ كەلگەن ئىدى. ئەندىلىكتە، ھىتلېر ئۇنىڭغا زور مىقداردا ياردەم بېرىش مەسىلىسىنى ئويلايدۇ. نويابىردا قوزغىلاڭچى قوشۇنغا ستراتىگىيە جەھەتلەردە پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئالاھىدە ئۇرۇش ئايروپىلان گۇرۇپپىسىنى يوللاپ جەڭگە سالىدۇ. 18-نويابىردا، ئاخىرى ھىتلېر بىلەن مۇسسولىن ئىككىسى فرانكو ھۆكۈمىتىنى ئىسپانىيىنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى دەپ ئېتراپ قىلىدۇ.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ھىتلېرنى ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىشقا ئۈندەۋاتقان پەيتلەردە، تۆت يىللىق پىلانغا مەسئۇل بولىۋاتقان گيۆرىڭ، ئىسپانىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى بىر مەيدان رەسمى توقۇنۇشنىڭ بىشارىتى دەپ قاررىماقتا ئىدى. 2-دېكابىر كۈنى، گەرچە ئۇ كۈنلەردە تېخى بىرىنچى پاي ئوق تېخى رەسمى ئېتىلمىغان بولسىمۇ، ئۇ، ھاۋا ئارمىيىسى ئوفىتسېرلار يىغىنىدا ”بىز ئەندى رەسمى ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرماقتىمىز“ دەپ ئېلان قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ، يېڭى يىلدىن باشلاپ ”بارلىق ئايروپلان زاۋۇدلىرى خۇددى سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغاندەك پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشسۇن“ دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بېرلىندا بىر قىسىم سانائەتچىلەر بىلەن يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا سۆزلىگەن سۆزىدە، بۇ گېپىنى قىلچە يوشۇرماستىن قايتا تەكرارلايدۇ. گيۆرىڭ، ”بۇ ئۇرۇش ئەڭ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشىمىزنى، ئىشلەپچىقىرىش قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. قايتىدىن قۇراللىنىشنىڭ ھېچ قانداق چېكى يوق. بۇ جەرياندا بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئىككىلا يول بار: يا غەلىبە، يا ئۆلۈم!“ دەيدۇ.
گيۆرىڭنىڭ بۇ تۈر سۆزلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، فرانكونىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ۋەكىلى گېنېرال ۋېلھېلم فاۋپېل كىشىنى ئەنسىرىتىدىغان مۇنداق بىر خەۋەرنى ئېلىپ كېلىدۇ: ئەگەر دەرھال بىر دىۋىزىيە گېرمان قوشۇنى بىلەن بىر نەپەر ئىنستروكتور ئىۋەرتىلمەيدىكەن، بۇ ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالىمىز. ئەمما ۋېلھېلم كوچىسى بۇنداق تەكلىپكە پەرۋامۇ قىلمايدۇ. شۇڭا فاۋپېل بۇ ئىشنى فۈھرېرغا يۈزتۇرانە ئوتتۇرغا قويىدۇ. 21-دېكابىر كۈنى، ئۇ ھىتلېربىلەن باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدە كۆرۈشىدۇ. كۆرۈشۈشتە گيۆرىڭ، بلومبېرگ، خوسباخ، فرىتىش ۋە شۇنىڭدەك تېخى يېڭىلا ئىسپانىيىدىن قايتىپ كەلگەن فرانكونىڭ باش قۇماندانلىق شىتابىدا ھەربى ئىشلار ۋەكىلى بولۇپ تۇرىۋاتقان پودپولكوۋنىك ۋالتېر ۋارلىمونت قاتارلىق كىشىلەر ھازىر بولغان ئىدى.401 فاۋپېل، شۇنچە ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىۋاتقان بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھىتلېردىن 3 دىۋىزىيە ياردەمچى قوشۇن ئىۋەرتىشىنى ئۆتۈنىدۇ. ھىتلېر، ۋارلىمونتنىڭ پىكىرىنى سورايدۇ. ۋارلىمونت، بۇ دېگەن بىر مەيدان ئىچكى ئۇرۇش، شۇنداق ئىكەن، فرانكو ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بۇ ئۇرۇشنى يېڭىشى لازىم؛ ئىسپانىيە بىلەن گېرمانىيە ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى ئوتتۇرسىدا بۇنچە زىچ ھەمكارلىق ئورنىتالىشى مۇمكىن ئەمەس. بېرىلىۋاتقان ھەربى ياردەملەرمۇ قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ مەغلوپ قىلىنىشىنى ساقلاشقا تولۇق يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە فرانكو مۇ ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملىيەلىسە چوقۇم جىددى ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ كېتەلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسىتىدۇ. قالغان ھەربىلەرمۇ ۋارلىمونتنىڭ يوقۇرقى قاراشلىرىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھىتلېرمۇ كۆپچىلىكنىڭ بۇ تالاش-تارتىشتىن چىقارغان خۇلاسىسىغا قوشۇلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: گېرمانىيە كەڭ كۆلەملىك ياردەمچى قوشۇن ئىۋەرتىش نىيىتىدە ئەمەس. بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ھەربى ئىشلار سەۋەپ بولغان بولماستىن بەلكى سىياسىي ئىشلار سەۋەپ بولماقتا. كەينىدىنلا ئوچۇق قىلىپ، ئۇنىڭ ئەڭ خالىمايدىغىنى، فرانكونىڭ تىزلىكتە غەلىبە قىلىشى نىيىتىدە ئىكەنلىكى دەپ ئېنىق ئېيتىدۇ. ئىسپانىيىنىڭ ئۇزۇنغىچە جاپالىق ئۇرۇش قىلىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى گېرمانىيىنىڭ يۈرەكلىك ھالدا قايتىدىن قۇراللىنىش پىلانىدىن ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا بۇرىۋەتكەن ئىدى. ئەمما ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كومۇنىزمغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ئىسپانىيەگە ئىزچىل ياردەم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن؛ ئەگەر ھەربى جەھەتتىكى پاجىئە كۆزگە كۆرۈنگىدەكلا بولىدىكەن، ھەربى ياردىمىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇنىڭ دېگەن ئاخىرقى گېپى ھەقىقەتەنمۇ بىر ئالدامچىلىق ئىدى. ئۇ ئەسلىدە كەڭ كۆلەملىك ھەربى ياردەم قىلىش شەرىپىنى مۇسسولىنغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن ئىدى. يەنى، ئەگەر ئىتالىيە ئىسپانىيە مەسىلىسىدە قانچىكى چوڭقۇرلاپ پېتىپ قالىدىكەن، مۇسسولىنمۇ گېرمانىيىگە شۇنچە بەك مۇھتاج ھالغا كەلگەن بولاتتى. ئەگەر بۇ توقۇنۇش ئۇزۇنغىچە توختىماي داۋاملىشىۋەرگىنىدە، ئىتالىيە مەيلى ئېغىزىدا ياكى ھەرىكىتىدە بولسۇن چوقۇم ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر ھالغا كېلىپ قالاتتى.
ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ دېپلوماتىيە جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ غەلىبىسى 1936-يىلى قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن بەكلا ئاز بەدەل تۆلەنگەن ئىدى. بۇ يىلدا ئەنگلىيە ئەس-ھۇشىنى يوقۇتۇپلا قويغان بولسا، ئىتالىيىنىڭمۇ ئىشى پۈتۈپ گېرمانىيەنىڭ تەڭسىز شىرىكى ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇ يەنە ياپونىيىنىمۇ قايىل قىلىپ ئۇلار بىلەن «كومۇنىزمغا قارشى خەلقئارا شەرتنامىسى» نى ئىمزالىۋالىدۇ. بۇ شەرتنامە ئىنتايىن مۇجىمەل سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەخپى كىلىشىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. يەنى، ئۆزئارا قوللاش، بىرلىكتە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش دەيدىغان بىر شەرتىمۇ بار ئىدى. بۇ كىلىشىم، ئىككى تەرەپنىڭ قەتئى زۆرۈر ۋەزىپىسى ئەمەسلىكىنى ئېتراپ قىلغاندەك قىلسىمۇ، گېرمانىيىنىڭ قايتىدىن قۇراللىنىشىنى قانۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى تەشۋىقات ستراتىگىيىسى نوقتىسىدىن ئالغاندا، ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە كىلىشىم ئىدى.
ئۇ ۋاقىتلاردىكى بىردىن-بىر قىيىن ئەھۋال، ئەنگلىيىنىڭ ئاساسى قانۇن تۇرغۇزۇش بوھرانىلا ئاجىز بىر نوقتا بولۇپ قېلىشى ئىدى. بۇ بوھران، ئەنگلىيە پادىشاھى ۋاللىس ۋارفېيد سىمپسون خانىمى بىلەن توي قىلىشىدىن ئوتتۇرغا چىققان بىر بوھران ئىدى. ئۇ باش مىنىستىر بالدۋىنغا ”مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر پادىشاھ سۈپىتىدە توي قىلدىم، ھەمدە بۇ نىكاھ ئىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر بۇ توي ئىشىغا ھۆكۈمەت تەرەپ قارشى چىققىدەك بولىدىكەن، — بالدۋېن، ئېدۋاردقا ھۆكۈمەت بۇ نىكاھ ئىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى، — مەنمۇ تەختتىن ۋازكېچىشكە تەييارمەن“ دەيدۇ. ئاممىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېگىدەك سەككىزىنچى ئېدۋاردقا ھېسسىداشلىق بىلدۈرەتتى. ئەمما باش مىنىستىر ۋە چېركاۋ دېگىنىدە چىڭ تۇرۇپ بۇ نىكاھ ئىشىغا تىركىشىپ زادىلا قويمايدۇ.
كەلگۈسىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان كىلىشىم تۈزۈش سۆھبىتىدە فۈھرېرنىڭ ئىشىنىدىغىنى، دەل بۇ پادىشانىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە باغلىق بىر ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بوھران، رىببېنتروپنىڭ بەكلا بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر كىرزىس ھالىنى ئالىدۇ. ”بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدىمىز بۇ پادىشاھقا باغلىق!“ دەيدۇ رىببېنتروپ گېرمانىيە ئاخبارات ئىدارىسىغا ۋاكالىتەن گېرمانىيە ئەلچىخانىسىدا ئاخبارات ئاگېنتى بولۇپ تۇرىۋاتقان فرىتز ھېسقا. ھېس دېگەن بۇ كىشى، ئەنگلىيە ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دەپ تونۇلغان ھەمدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ پەۋقۇلئاددە ۋەكىلى ھېسابلىنىدىغان، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مەخپى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بىرسى، يەنى، غەيرى رەسمى ھالدا ئەنگلىيە دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ يۈرگەن، بولۇپمۇ ۋەزىرنىڭ سانائەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى سىر خوراس ۋىلسون بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ يۈرگەن كىشى ئىدى. رىببېنتروپ ئۇزۇنغا قالماي ھېسنى چاقىرتىپ، ”سېنىڭچە، بۇ ئىش بىر سۈيىقەسىت بولىشى، بىزنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ئاڭ ئاخىرقى ئورنىمىزنى تارتىپ ئالماقچى بولغان بىر ئىش بولىشى مۇمكىنمۇ؟“ دەپ سورايدۇ. ئۇ تېخى يېڭىلا فۈھرېر بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن بولۇپ، فۈھرېر ئۇنىڭ بۇ ئىش ئىشقا ئاشمىسا تەختتىن چېكىنىمەن دېگەن سۆزىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ ئىش ھەقىقەتەنمۇ بەكلا تۇتۇق بىر ئىش ئىدى. يەنى ئۇ گېرمانىيە گېزىت ساھەسىدىكىلەرگە بۇيرۇق قىلىپ بۇ ھەقتە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماسلىقى تاپىلانغان ئىدى.402 ھىتلېرنىڭ ئىشەنچى رىببېنتروپنى خاتىرجەم قىلغان ئىدى. ”قاراپ تۇرغىن، — دەيدۇ پەرىزىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، — بۇ ئىشتا فۈھرېرنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى ئىسباتلىنىدۇ. يەنى بۇ ئىشنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى چوقۇم ئاشكارىلىنىدۇ، ئەنگلىيە پادىشاھى بىزنىڭ بۇ قېتىمقى بوھراندا شۇنداق تاكتىكا قوللانغانلىقىمىز ۋە شۇنچە ئېھتىياتلىق بىلەن ئىش قىلغانلىقىمىزغا چوقۇم چىن كۆڭلىدىن رەخمەت ئېيتىدۇ.“
9-دېكابىر ئاخشىمى، ئېدۋارد «تەخىتتىن چېكىنىش ھۈججىتى» گە قول قويۇپ، ئەنگلىيە تارىخىدىكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن پادىشاھلىقتىن ۋاز كەچكەن بىردىن-بىر شاھزادىغا ئايلىنىدۇ. شۇ ئاخشىمى، بىر قېتىملىق تەسىرلىك رادىئو نۇتقىدا ئۇ پۇخرالىرىغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا، ”مېنىڭ قارىشىم شۇكى، ئۆزەمنى ھەر قانچە ئىرادىلىك دەپ ھېسابلىغىنىمدىمۇ، چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرىدىغان سۆيگۈنۈمنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە ئۇنىڭ ياردىمى بولماي تۇرۇپ پادىشاھ ئۈستىگە چۈشكەن ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلىشىم، بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشىم مۇمكىن ئەمەس“ دەپ سۆزلەيدۇ.
ھىتلېر، بەزى كىشىلەرنىڭ شۇنچە گۈزەل ۋەتەن تۇپراقلىرىدىن گۈزەل بىر قىزنى ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىغا زادىلا ئەقىل يەتكۈزەلمەيدۇ. ئۇ باش ئەلچىسى رىبېنتروپقا تېلېفون قىلىپ، (بۇنى ھېستىن ئاڭلايمىز) بەكلا پەرىشان ھالدا مۇنداق دەپ ئۇقتۇرغان: مەغلوب بولغانلىقىمىزنى قوبۇل قىلماي ئامال قانچە؟ بۇ جەھەتتىكى ئىشلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، بۇ ئۇيۇنغا خاتىمە بېرىشكە مەجبۇرمىز. ”ئەنگلىيە پادىشاھى تەختنى تاشلاپ چىقتى. بۇندىن كېيىن ئەنگىلىيىدە بىز بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى خالايدىغان باشقا بىرسى چىقىشى ناتايىن. سەنمۇ ئۆزەڭنىڭ ئۇ يەردىكى پائالىيەتلىرىڭدىن مەلۇمات بېرىپ باق. ئەگەر بۇ ئىشتا بىرەر رولۇڭ بولمايدىغانلىقى ئېنىقلا بولىدىكەن، گېپىڭنى ئوچۇق قىل، مەنمۇ سېنى بۇ ئىشتا ئەيىپلەپ يۈرمەيمەن“ دەيدۇ.
5
گەرچە ھىتلېر بۇ ئىشتا قاتتىق ئۈمىتسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، 1936-يىلىنى يەنىلا ئۇنىڭغا زور ئۇتۇقلارنى ئېلىپ كەلگەن بىر يىل دېيىشكە بولاتتى. ئۇنىڭ گيۆرىڭ خانىمغا دېيىشىدىن قارىغاندا، بۇ يىلقى ئارچا بايرىمى ”ئۇزۇن يىللاردىن بېرى“ ئۇنى ھەقىقى تۈردە خوشال قىلغان بىر قېتىملىق بايرام ھېساپلىنىدىكەن. ”مېنىڭچە، بۇ قېتىمقى بايرام مېنى ئەڭ خوشال قىلغان بىر قېتىملىق كىرىستوس بايرىمى بولدى“ دەيدۇ. گەرچە ئۇنى ئاشقازان كېسىلى قاتتىق ئازاپلاۋاتقان، شۇنىڭدەك ئۇيقۇسىزلىق بىلەن ھۆل تەمرەتكنىڭ دەردىنى تارتىپ چىققان بولسىمۇ، يەنىلا كۈنلىرى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكەن ھېسابلىناتتى. 25-دېكابىر كۈنى، ئۇ فوتوگرافچى خوفماننىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق بىر دوختۇر تاللاپ، ئۇنى ئۆزىگە مەڭگۈلۈك خۇسۇسىي دوختۇرى قىلىۋالىدۇ. بۇ دوختۇرنىڭ ئىسمى تېئو مورېل بولۇپ، ئەسلى بىر تېرە كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ئىدى. ئۇ بېرلىننىڭ كۇرفۈرستېندام يولىدا دوختۇرخانا ئېچىۋالغان بولۇپ، ئىشى بەكلا يۈرۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بىمارلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى كىنوچىلىق ساھەسىدىكىلەر بىلەن تىياتىرچىلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ داڭلىق كىشىلىرىدىن تەشكىل تاپاتتى. بۇ دوختۇر قارامتۇل، سېمىز، يۇمبۇلاق يۈزلۈك، كۆزىمۇ يوقۇرى دەرىجىلىك يىراقنى كۆرەلمەيدىغان قېلىن كۆزئەينەكلىك بىرسى ئىدى. ئۇنىڭ قولىمۇ قىلغا تولغان بەكلا قوپال ۋە يوغان، تىرناقلىرى دائىم دېگىدەك كىرلىشىپ قارىداپ كەتكەن ھالدا يۈرەتتى. داۋالاش ۋاقىتلىرىدا بەزىدە بەكلا بىخەستەلىك قىلىپ كېتەتتى. بەزىلەر ئۇنى، يېڭىلا ئۈستەل سۈرتۈپ تاشلاپ قويغان داكىدا ئاغرىقنىڭ بېلىكىنى تاڭىدىغان؛ دېزېنكسىيە قىلمايلا بىر تال يىڭنىنى ئىككى كېسەلگە قايتا-قايتا ئىشلىتىۋېرىدىغان بىرسى دېيىشەتتى.
گېرمانىيىدە شۇنچە كۆپ دوختۇر بار تۇرۇغلۇق ھىتلېر نېمە ئۈچۈن بۇ دوختۇرنىلا تاللىۋالدۇ؟ ئېھتىمال، مورېل خانىم بىلەن ئېۋا براۋننىڭ يېقىنلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. ھىتلېر ھەربىي سەپتىن چېكىنگىنىدىن بۇيان قىپ يالىڭاچ بولۇپ سالامەتلىك تەكشۈرتىشى مۇشۇ تۇنجى قېتىملىقى ئىدى. ھىتلېرنىڭ قۇرسىقى دائىم ئاغرىيتتى. مورېل دياگنوز قويۇپ ئاشقازان يارىسى بىلەن ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى كېسىلى بار دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ. ئۇنىڭغا ”مۇتافلور“ بىلەن ”گاللېسترول“ دېگەن ئىككى خىل دورىنى بۇيرۇپ بېرىدۇ. ھىتلېر يەنە مېتېئورىزم (قۇرسىقى چىڭقىلىش) دېگەن كېسەلگىمۇ گرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن تىنماي يەل چىقىرىپ تۇراتتى. شۇنىڭدەك ئۇ ئىزچىل گۆشسىز تاماق يىگۈچى بولغىنى ئۈچۈن، كېسىلىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇر مورېل ئۇنىڭغا كوكسىگالاكسىئوس كومىلىچى يەڭ دەپ رېتسىپ يېزىپ بېرىدۇ. بۇ تۈردىكى كومۇلاچ تەركىۋىدە بروتسىن بار ئىدى. ئەمما دوختۇر مورېل بۇ دورىنىڭ تەركىۋىدە بۇنداق بىر ماددىنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرى يوق تۇرۇغلۇق، ئۇنىڭغا بۇ دورىدىن ھەر قېتىمدا 2 دىن 4 تالغىچە ئىچىشنى بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، مورېل ئۇنىڭغا دائىم كۆپلەپ ۋىتامىن ئىچىپ تۇرۇشنىمۇ بۇيرۇيدۇ.403 ھەتتا دائىم دېگىدەك بۇ دورىنى گلىكوزا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئارتىليەدىن ئاسما ئوكۇل قىلىپ بەدىنىنى كۈچلەندۈرمەكچى بولىدۇ.
گېرمانىيە تەۋەسىدىكى ئەڭ ئابرويلۇق ئىككى نەپەر مۇتەخەسسىس، يەنى بىرسى گېرمانىيە قىزىل كىرىست جەمىيىتىنىڭ رەئىسى دوختۇر گراۋىتز، يەنە بىرسى بېرلىن خەير-ساخاۋەت دوختۇرخانىسىنىڭ قوشۇمچە پروفېسسورى دوختۇر بېرگمان ئىككىسىلا ھىتلېرنىڭ ئاشقازان ئاغرىقى بىلەن ئاغرىپ ئاياق كىيىشىگىمۇ ئىمكان بەرمەيۋاتقان ھۆل تەمرەتكىسىنى داۋالاپ ساقايتالمىغان ئىدى. ئەمما ھېلىقى مورېل دېگەن دوختۇر ئۇنىڭغا مەن بىر يىل ئىچىدە سېنىڭ بۇ ئىككى كېسىلىڭنى داۋالاپ ساقايتىشقا ۋەدە بېرىمەن دەيدۇ. شۇنداق دەپ، بىر ئايغا قالمايلا ئۇنىڭدىكى بۇ كېسەللىكلەرنى ساقايتىۋېتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ھىتلېر خوشاللىقىدىن بۇ دوختۇر بىر مۈجىزە يارىتىپ ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قالدى دەپ تەنتەنىلىك بىلەن جاكارلايدۇ. ”گراۋىتز بىلەن بېرگمان ئىككىسىلا مېنى ئاچ قالدۇرۇپ، چاي بىلەن پېچىنىدىن باشقا نەرسىگە يېقىن يولاتمىغان ئىدى. … شۇڭا مېنىڭ تەن سالامەتلىكىم ئاجىزلاپ ھەتتا ياستۇقتا يېتىپ ئىشلەشكىمۇ بەرداشلىق بېرەلمىگىدەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. كېيىن، مورېل كېلىپ سالامەتلىكىمنى ئەسلىگە كەلتۈردى“ دېيىش ئارقىلىق تەن سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى پۈتۈنلەي مورېلغا مەنسۈپ قىلىۋېتىدۇ. ھەتتا چىش مىلىكىنىڭ ياخشىلىنىشىنىمۇ مورېلنىڭ مودافلور ئوكۇلى قىلغانلىقىغا مەنسۈپ قىلىپ، ئۇنىڭ چىش دوختۇرى ھيۈگۇ بلاشكنىڭ ئۇۋىلاپ بېرىشىنىڭ تەسىرىدىن ياخشىلىنىپ قالغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ.
1937-يىلى 30-يانىۋار كۈنى، ھىتلېر، باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەنگەنلىكىنىڭ 4 يىللىقىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن پارلامېنتتا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئۇ ئىنتايىن تېتىك ۋە روھلۇق بولۇپ، قارىماققا ئەسلىدىكىسىدىن خېلىلا ياش كۆرۈنەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى قايتا تەكرارلايدۇ: ”بۈگۈن، مەن چوقۇم تەڭرىگە رەخمىتىمنى بىلدۈرۈشۈم كېرەك. تەڭرىمنىڭ ئىلتىپاتى بىلەنلا دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى نامسىز بىر ئەسكەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈردە شەرىپىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىغا يېتەكلەپ ماڭدى.“ بۇ قېتىمقى نۇتۇق ھەرگىزمۇ بىر تەھدىت ئەمەس، بەلكى بىر ۋەدە بولغانلىقى ئۈچۈن، بەكلا كۆپ ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىۋېتىدۇ. بۇنداق بولىشى، بۇ قېتىمقى پو ئېتىۋېلىشىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ رىيال ئاساسلىرى بار ئىدى. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى 4 يىل ئىچىدە، ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. خۇددى روزېۋېلتقا ئوخشاش، ھىتلېرمۇ كىرىمى نىسبەتەن تۈۋەن بولغان كىشىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالالىغان؛ يەنە شۇ روزېۋېلتقا ئوخشاش ئۆز ھېسسىياتىغا تايىنىپ، كلاسسىك نەزەرىيىلەر ئاساسىدا كىشىنى تەمتىرىتىپ ئالاقىزادە قىلىۋېتىدىغان ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىش ھەققىدە بىلىدىغانلىرى بەكلا ئاز ئىكەن دەيدىغان خۇلاسىغا كېلىدۇ. شۇڭىلاشقا، بۇ ئىككىلا رەھبەر ئەنئەنىلەرگە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەي، ئىشلەپچىقىرىشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇپ ئىشسىزلىقنى ئازايتىشقا تىرىشىدۇ (”ھىتلېر يەنە ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي سىياسەتنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلىگەن” دەيدۇ ئىقتىسادشۇناس ج. كېننېت گالبرايت 1973-يىلى بەرگەن باھاسىدا، - … ئۇ، ئىش ھەققى بىلەن باھانى بىرلا ۋاقىتتا تېزگىنلەپ تۇرغاندىلا، تزلىكتە تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولىدىغانلىقى تونۇپ يەتكەن. ئىقتىسادىي جەھەتتە قورقۇنۇچ ئاستىدا قالغان بىر دۆلەت، خۇددى ئامېرىكىلىقلار روزېۋېلتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشالىغىنىدەك ھىتلېرنىڭ چاقىرىقىغىمۇ ئاۋاز قوشالىغان. بۇھەقىقەتەنمۇ نورىمال بىر ئىش ھېسابلىناتتى.“ بەلكىم، ھىتلېر ئىقتىسادتىن تۈزۈك خەۋىرى يوق، ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئېنىق بىلىپ كەتمەيدىغان بىرسى بولىشىمۇ مۇمكىن. ”ئەمما ئىقتىسادىي جەھەتتە، ئەگەر سەن توغرا يولدىلا مېڭىپ، ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىشىنى بىلەلمىگەن بولىشىڭدىن قەتئى نەزەر، سېنىڭ بۇنداق بىر يولنى تاللىۋېلىشىڭ ھەقىقەتەنمۇ قالتىس بىر ئىش قىلغانلىقىڭ ھېسابلىنىدۇ“ — ئا. ھ. ئىزاھاتى). ھىتلېر يەنە يوقۇرى سۈرئەتلىك تاش يول تورىنى قۇرۇپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشكەن ئىدى. يەنى ئادەتتە پۈتۈن مەملىكەتنى تۇتاشتۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكى، ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئومۇمىي يۈزلۈك سەپەرۋەرلىك قوزغاشقىمۇ پايدىلىق بولغان ئىدى. ئادەتتىكى خەلقنىڭمۇ ”ئاپتوموبىلدىن پايدىلىنىپ سەپەر قىلالىشى“ نى كۆزدە تۇتۇپ، ”خەلق ماشىنىسى“ نى تەرەققى قىلدۇرىدۇ. بۇنداق ماشىنا چىداملىق، ئۆمۈرى ئۇزۇن، ئەرزان بولغاچقا، ئادەتتىكى بىرسىمۇ سېتىۋالالىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ، فېردىناند پورشېدىن تۆت كىشىلىك، ھەر 40 مىل (بىر مىل تەخمىنەن 1.61 كىلومېتىرغا تەڭ — ئۇ. ت) دا بىر گاللون (بىر گاللون تەخمىنەن 4.55 لېترغا تەڭ — ئۇ. ت) يېقىلغۇ سەرىپ قىلىدىغان، ماتورى ھاۋا ئارقىلىق سوۋۇتۇلىدىغان، قىش كۈنلىرى توڭلاپ قالمايدىغان پىكاپتىن بىرنى لايىھىلەپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، ئۇ كەلگۈسى يېڭىلىقلار ئۈچۈنمۇ بەزى تەسەۋۋۇرلىرىنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. چوڭ شەھەرلەردە، مۇتلەق تۈردە ئاپتوماتىك يەر ئاستى ماشىنا گەرەج يەرلىرىنى، كۆپ مىقتاردا تاللا بازار مال سېتىۋېلىش مەركەزلىرىنى، باغچىلارنى، كۆكەرتىلگەن مەيدانلارنى قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى، شۇنىڭدەك مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشىنىڭ كەسكىن ئالدى ئېلىنىشىنى پىلان قىلىدۇ.404 ئۇنىڭ تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش مىجەزى (بەلكىم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن قورققانلىقىدىن بولسا كېرەك)، مۇھىت تازىلىقىغا ھەددىدىن ئارتۇق كۆڭۈل بۆلۈشىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇ سانائەتچىلەرنى مۇھىتقا زەھەرلىك گاز قويىۋېتىشنى پۈتۈنلەي توختىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرى ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. رۇر ئويمانلىقىدا بەزى زاۋۇتلار بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان؛ يېڭى قۇرۇلغانلىكى زاۋۇتلاردا سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغۇنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەلىرى بولىشىنى شەرت قىلىنغان ئىدى.
ئۇنىڭ شەھەر پىلانىغا بولغان قىزىقىشى كىچىك شەھەر ۋە يېزىلارنى پىلانلاشقىچە كېڭەيتىلگەن. ئۇ يېقىنلىرىغا، ئەڭ مۇھىمى بوش مەيدان مۇھىتنىڭ بارلىقى (بۇ ئۇنىڭ يەنە بىر قىزىقىدىغان تەرىپى)، ”بىزدىكى بىناكارلىق ئېنجىنىرلار لايىھە تۈزگەن ۋاقتىدا بوش مەيدان مەسىلىسىنىمۇ ئويلاشقانلىقىدىن خوشالمەن. شۇنداق بولغاندىلا بىز خۇددى زۋىكاۋ بىلەن گېلسىنكىرچېن قاتارلىق جايلاردا كۆرگىنىمىزدەك شۇنچە كۆپ، ھەتتا ئۆي ئۈستىگە ئۆي سېلىۋالىدىغان، قىستا-قىستاڭ شەھەرلەرنى سېلىۋېلىشقىمۇ مەجبۇر قالمايمىز. ئەگەر مېنى ئەنە شۇنىڭدەك قىلچە گۈزەللىكى بولمىغان بىر شەھەرگە سۈرگۈن قىلىۋەتكىدەك بولىدىكەن، خۇددى ئۆز ۋەتىنىمدىن قېچىپ چىققىنىمدەك پۈتۈنلەي ئۈمىدىمنى يوقۇتۇپ قويۇشۇم، كۆڭۈل ئازادىلىكىمدىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشىم تۇرغانلا گەپ. شۇنداق ئىكەن، مەن، ئەڭ ئاددى بىر شەھەر بولغىنىدىمۇ بىر شەھەرنى ئاز-تۇلا مەدەنىيەت پۇرىقى بولغان، گۈزەللىك تۇيغۇسى بولىدىغان بولسىمۇ شەكىلگە كەلتۈرۈشكە، ئاندىن بۇنداق شەھەرلەرنىڭ ئازادىلىق دەرىجىسىنى ئاستا-ئاستا ياخشىلاشقا غەيرەت قىلىمەن.“
ياشلارنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ تەربىيىلىنىشىمۇ ئېتىۋارلىنىش ھەققىدىن بەھرىمەن بولىشى، مائارىپ تۈزۈمىدە تۈپكى ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەبىئىي پەن بىلىملىرى بويىچە مەخسۇس تەربىيىلەش يولغا قويۇلىدۇ. كلاسسىك بولمىغان دەرسلەر بىلەن ھۇمانىزم ئالى مەكتەپلىرىدىكى تەييارلىق دەرسلىرىمۇ تەڭ دەرىجىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدۇ. تەنتەربىيە، ئىرق بىئولوگىيىسى ئاساس دەرس سۈپىتىدە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. شۇنىڭدەك گېرمانىيە تارىخى بىلەن ئەدەبىياتىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولىدۇ. بەزى دەرسلەر، مەسىلەن قېدىمقى زامان تىلى بىلەن پەن بىلىملىرىمۇ بۇنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ”بىزنىڭ تەربىيىلەش مەقسىدىمىز كىشىلىك خاراكتېر يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. — دەپ يازىدۇ قايسى بىر ناتسىست مائارىپشۇناس، — بىز بالىلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ بىرەر قارى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى خالىمايمىز. … شۇنداق ئىكەن، بىز پەرزەنتلىرىمىزنى ’ئون فۇت ئاز بىلىملىك بولسا مەيلىكى، ئون كالورىيە ئارتۇق خاراكتېرلىق بولۇپ يېتىلىسۇن‘ دەپ ئارزۇ قىلىشىمىز كېرەك!“
مىجەز-خاراكتېرىنى چېنىقتۇرۇش جەريانىدا ھىتلېر يېرىم ئىلاھ ھالىغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. مەسىلەن ئالايلۇق، كولوگندىكى بالىلار چۈشلۈك تاماققا ئولتۇرۇشتىن ئاۋال چوقۇم مۇنۇ شىئېرنى دېكلىماتسىيا قىلىپ ئوقۇشى شەرت قىلىنغان:
داھىمىز، فۈھرېرىمىز،
تەڭرى ماڭا ئاتا قىلغان فۈھرېرىم،
ھاياتلا بولىدىكەنمەن مېنى ساقلىغايسەن!
گېرمانىيىنى ئوت-بالالاردىن قۇتۇلدۇردۇڭ؛
بولكىمىزغا كاپالەتلىك قىلدىڭ،
رەخمىتىمىز چەكسىز.
ھەممە مېنى تاشلىۋەتسىمۇ،
سەن قوغدايسەن مېنى ھەر دائىم.
داھىمىز، فۈھرېرىمىز، مېنىڭ ئەقىدەم، مېنىڭ ماياكىمسەن!
خايىل، ياشا فۈھرېرىم!
ئەنگلىيە باش ئەلچىسى فىپپىس لوندونغا يوللىغان دوكلاتىدا، ”… گېرمانىيەنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گېرمانىيىنى قوغداش مەقسىتىدە ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ئەستايىدىللىق بىلەن تەربىيىلەنمەكتە. … ئەمما قورقىدىغىنىم، بۇ قېتىمقى ياكى كېيىنكى خالىغان بىر قېتىمقى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى چىقىپ ئۇلاردىن ۋەتەن قوغداش چاقىرقىنى چىقىرىشى ھامان، بۇ ئوقۇغۇچىلار چەتئەل تۇپراقلىرىدا ئالغا ئىلگىرلەش ۋە ئۇ يەرلەردە قۇربان بولۇشقا بەكلا ماس كەلتۈرۈپ يېتىشتۈرلمەكتە.“ بۇنداق بىر ئالامەت ”ئۆسمۈرلەر تەلىم-تەربىيىسى“ دىن باشلانغان، يەنى، ”ھىتلېر ياشلار ئىتتىپاقى“ دېگەن نام ئاستىدا، 10 بىلەن 14 ياش ئارىسىدىكى ئۆسمۈرلەر ئەنە شۇ شەكىلدە تەربىيىلەنمەكتە.“ 405 ’ئۆسمۈر تەلىم-تەربىيىسى‘ يېقىندىن بۇيان يولغا قويۇلماقتا بولغان مەڭگۈلۈك، رەھىمسىز ھەقىقەتنىڭ بىر ئامىلى. — دەپ يازىدۇ، بۇ ھەقتە چىققان بروشۇرنىڭ ئاپتورى، — بىز ئۈچۈن، بىرەر بۇيرۇققا ياكى بىرەر يوليورۇققا بوي سۇنۇش، مۇقەددەس بىر ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ. چۇنكى، ھەر بىر بۇيرۇق مەسئۇل كىشىدىن كەلگەن. بۇ مەسئۇل كىشى، بىزنىڭ قەتئى ئىشىنىدىغان ئادىمىمىز دەل فۈھرېرىمىز. … شۇنداق ئىكەن، گېرمانىيىدىكى بارلىق قېرى-ياش ۋە ئاتا-ئانىلار، بىز سىلەرنىڭ ئاۋانگارتلىرىڭلار بولىمىز. بىز گېرمانىيە ئۆسمۈرلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلارنى چېنىقتۇرۇپ تەربىيىلەپ، ئۇلارنى پائال ھەرىكەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا ماھىر كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىمىز. بىز ئۇلارنى قاتتىق تەلەپچان مەكتەپلەردە ئۇلارنىڭ پولات مۇشتلىرىنى چېنىقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جاسارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى، يەنى گېرمانىيىگە بولغان ئىشەنچىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىمىز.“
ھەر ئوغۇل ”ھىتلېر ياشلار ئىتتىپاقى“ غا ئەزا بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قولىدا ”ئىسسىق قېنىم ۋە شەرىپىم“ دېگەن خەت ئويۇلغان بىردىن خەنجىرى بولىدۇ. بۇ ئۇلارغا، ئەندى سەن قوڭۇر كۆڭلەك كىيىش بىلەنلا قالماي بۇنى قۇراللىق قوغداشقا مەجبۇرسەن دېگەننىمۇ بىلدۈرەتتى. ”بۇ دېگەنلىك، بىز ھەر قانداق بىرسىنىڭ بىزگە قارىتا ھەرقانداق بىر ھەرىكەت قوللىنىشىغا يول قويمايمىز دېگەنلىكتۇر.“ تېخى يېقىندىلا، ئەنگلىيىگە قېچىپ بېرىۋالغان بىر ”ھىتلېر ياشلار ئىتتىپاقى“ ئەزاسى ”بىز ھەر قانداق بىر پۇخرادىن يۈكسەك ئورۇنغا ئىگىمىز. ئەگەر ئۇلار ياسالمىلىق قىلىشقا پېتىنىدىغانلا بولىدىكەن، بىز ئۇلارنى ئۇرۇپ مىجىقىنى چىقىرىۋىتەلەيمىز“ دەيدۇ.
1933-يىلىدىن بۇرۇنقى ”ھىتلېر ياشلار ئىتتىپاقى“ نىڭ نىشانى، ھەر قايسى تەبىقە ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەشۋىقات ئارقىلىق قايىل قىلىش چارىسىغا تايىنىپ ئۇلارنى كومپارتىيىنىڭ ھەر تۈرلۈك تەشكىلاتلىرىدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگۈزۈش؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىدىيىسىنى سىڭدۇرۇش ئىدى. كېيىن، بۇ تەشكىلنىڭ ۋەزىپىسى بەدىنىنى چېنىقتۇرۇپ سىياسىي تەربىيىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى فۈھرېرگە ۋە مىللىتىگە خىزمەت قىلدىغان ھالغا كەلتۈرۈش دېگەنگە ئۆزگەرتىلدى. شۇنداقتىمۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەقىدىلىرىنىڭ ئەكسىنچە ئۇلار ئۇ يەردە يالغۇز ھەربى مەشىق بىلەنلا شوغۇللانمايتتى. ھىتلېرنىڭ ئاديوتانتى خارتمان لاۋتېرباچېرنىڭ دېيىشىچە، ”ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ فورمىسى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئىتتىپاق قۇرۇلۇشىدىن بۇرۇنلا بار ئىدى، بۇنداق فورمىلار گېرمانىيىدىلا بار بولۇپ قالماي باشقا ئەللەردىمۇ بار.“
ئىدىيىۋى جەھەتتە ھەمدە جىسمانىي جەھەتتە پۈتۈن خەلقنى كەلگۈسىگە تەييارلاش ئىشىدا، ھىتلېر 4 يىل ئىچىدە پۈتۈن خەلقنىڭ سالامەتلىك سەۋىيىسىنى زور دەرىجىدە يوقۇرى كۆتۈرىۋېتىدۇ. بۇ جەھەتتە ھەتتا چەتئەللىكلەرنىمۇ قاتتىق تەسىرلەندۈرىدۇ. ”بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئازايغان بولۇپ، بۈيۈك بېرىتانىيە ئىمپىرىيىسىدىكى بۇۋاقلارنىڭ ئۆلۈم نىسبىتىدىنمۇ تۈۋەن ھالغا كەلگەن.“ ھىتلېر ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن 7 قېتىم گېرمانىيىنى زىيارەت قىلغان ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى سىر ئارنولد ۋىلسون مۇنداق دەپ يازىدۇ: ”توبىركولىيوز ۋە باشقا كېسەللىكلەر زور دەرىجىدە ئازايغان. جىنايەتچىلەرنى سوتلايدىغان سوتچىلار ھېچ قاچان بۈگۈنكىدەك بۇنچىۋالا بىكارچىلىقتا قېلىپ باقمىغان، تۈرمىلەرمۇ ھېچ قاچان ھازىرقىدەك بۇنچە بوش قېلىپ باققان ئەمەس. گېرمانىيە ياشلىرىنىڭ بۇنچە ساغلام كۆرۈنىشى ھەقىقەتەنمۇ مەدھىلەشكە ئەرزىيدىغان خوشاللىنارلىق بىر ئەھۋال. ھەتتا ئەڭ يوقسۇل كىشىلەرنىڭ كېيىم-كىچەكلىرىمۇ خېلىلا تۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىنلا كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىمۇ ھەقىقەتەن خوشاللىققا تولغان.“
ئىش ئورنى شارائىتلىرىمۇ ياخشىلانغان، ئىش يەرلىرىنىڭ پەنجىرىلىرى كۆپەيتىلگەن، قىستا-قىستاڭچىلىقمۇ ئازايتىلغان، قول يۇيۇش بۆلۈملىرىمۇ كۆپەيتىلگەن. ”ھەممە يەرنى گۈزەللەشتۈرۈش“ شۇئارى ئاستىدا، ھەممە ئىشخانا-سېخلار رەتلىك، پاك-پاكىزە ھالغا كەلتۈرۈلگەن. گۈللۈك ۋە چىمەنلىكلەر كۆپەيتىلىپ، ئەمگەكچىلەر ئۆز مۇھىتىنىڭ پەيزىنى سۈرەلەيدىغان ھالغا كەلگەن. قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ تۈردىكى خىزمەتلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئەمىلىي نەتىجىلەر بولۇپ، ھەرگىزمۇ خامخىيال ئەمەس ئىدى. ئىشچىلار ھېچ قاچان بۇنچىۋالا ئەتىۋارلىققا ئېرىشىپ باقمىغان ئىدى. روبېرت لېينىڭ چاقىرىقى بىلەن ”ئەمگەكچىلەر فرونتى“ نىڭ ”كۆڭۈللۈك ئىىشلەش“ پىلانى ئوتتۇرغا قويۇلۇپ،406 ئىشچىلار مۇزىكا ئاڭلاش، تىياتىرخانىلاردا ئويۇن كۆرۈش، كۆرگەزمىلەرنى زىيارەت قىلىش، تانسا ئويناش، كىنو كۆرۈش ۋە چوڭلار كۇرۇسلىرىغا قاتنىشىشلاردا ياردەم تەمىناتى ئېلىش قاتارلىق پاراۋانلىق ئىشلىرى يولغا قويۇلغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئەڭ بېخىل ئەمگەكچى ۋە ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرىمۇ بۇرۇن خىيالىغىمۇ كەلتۈرەلمەيدىغان ھەشەمەتلىك ساياھەت كىمىلىرىگە ئولتۇرۇپ ساياھەتلەرگە چىقالايدىغان بولغان.
”ئىشچىلار شۇنى كۆرمەكتىكى، بىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن چىن كۆڭلىمىز بىلەن تىرىشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشكە باشلىدى. — دەيدۇ لېي، — ئۇلار ، گېرمانىيە ۋەكىلى بولۇپ چەتكە چىقىدىغانلار ئەندىلىكتە ھەرگىزمۇ ’بىلىملىكلەر تەبىقىسى‘ دىنلا تەشكىللەنگەن بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى، بىز دۇنياغا گېرمانىيە ئىشچىلار سىنىپى تونۇتۇلغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز.“ گېرمانىيىدە بولسا، كىشىلەر يەنە نۇرغۇنلىغان سىنىپلاندۇرۇلمىغان كېمىلەر ياسىلىپ، خوجايىنلار، ئاق ياقىلىقلار بىلەن ئىشچىلار تەڭ دەرىجىدە بۇ تۈردىكى ئەسلىھەلەردىن پايدىلانماقتا. ھىتلېر 30-يانىۋار كۈنى پارلامېنتقا سۆزلىگەن نۇتقىدا ”گېرمانىيە ھازىر تۈپتىن ئۆزگىرىش ياسىدى ۋە بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۆنۈمى كۆرۈلمەكتە. بۇ ئەمەلى ئۈنۈملەر ئەسلى مەنىسى بويىچە ئەڭ يوقۇرى دېموكراتىيە ھېسابلىنىدۇ، دەرۋەقە دېموكراتىيە دېگەن بۇ نەرسە بىرەر قىممەتكە ئىگىلا بولغىنىدا“ دەيدۇ. ھىتلېرنىڭ بۇ سۆزلىرى دەل بۇ تۈردىكى ئىجتىمائىي دېموكراتىيە روھىنى ئەكىس ئەتتۈرمەكتە ئىدى.
ھىتلېر ھەر قايسى تەبىقە خەلقلىرى بىلەن ئىتتىپالىشىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىدۇ. ئەلىۋەتتىكى بۇ ئىتتىپاقلىق ئىچىدە يەھۇدىيلارغا ئورۇن يوق ئىدى. ئۇنىڭ بۇ تۈر سوتسىيالىزم دەپ نام بەرگەن ھەرىكىتى ھېچ قاچان بايلارنى ھەمدە ئوتتۇرا تەبىقىدىكلەرنى چەتكە قاقمايتتى. ”بۇرجۇئازىيە سىنىپىدىكىلەر ھەرگىز ئۆزلىرىنى مائارىپ ياكى دەسمايىدىن بەلگىلىك تۈردە مەنپەتدار بولغۇچىلار، ماركسنىڭ مۈلۈك قارىشى بويىچە ئىشچىلاردىن ئايرىم بىر تەبىقە دەپ قارىۋالمىسۇن.“ ئۇ زىيارەتكە كەلگەن بىرسىگە ”بۇرجۇئازىيە سىنىپى خۇددى ئىشچىلارغا ئوخشاش جەمئىيەت پاراۋانلىقىغا ماسلىشىشى شەرت“ دەيدۇ. ئەمەلىيەت جەريانىدا بۇ تۈردىكى كۆزقاراش ئىشچىلارنى غۇرۇرلاندۇرۇپ، ھىتلېرنىڭ ئىجتىمائىي باراۋەرلىك دېگەن نەزەرىيىسىنى كۈچەيتىپ بەرمەكتە ئىدى. جامائەت تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئۇنى بىر بىناكارلىق ئىشچىسى، رەسسام ۋە ئوقۇغۇچى دېگەندەك خەلق ئاممىسىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئەزاسى، شوپۇرنىڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغان ئادەتتىكى بىر ئادەم، ئۇنىڭ يەپ ئىچىدىغانلىرىمۇ بەكلا ئاددى دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. ئۇ ھەرقانداق بىر پەخرى ئۈنۋان قوبۇل قىلىشنى قەتئى تۈردە رەت قىلىدۇ. ئۇ زاۋۇدلاردا ئىشچىلارغا سۆزلىگىنىدە ھەر دائىم ”بىز“ دەپ باشلاپ، ئۇلارنى ماختاپ ئۇچۇرغىنىچە مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش يەر مۈلكىم يوق، پاي چېكىم يوق دەيدۇ. ئەمما ئۇ «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتابىنىڭ ئۇنى بىر مىليونېرغا ئايلاندۇرغانلىقىدىن ھەرگىز ئېغىز ئاچمايتتى.
بۇنىڭدەك باراۋەرلىك روھىنى ھەتتا قۇراللىق كۈچلەر ئارىسىدىمۇ كۆرىۋېلىش مۇمكىن ئىدى. دائىملىق ئارمىيە ئىچىدە كوماندىر-جەڭچىلەر ئوتتۇرسىدىكى يولداشلىق تۇيغۇلىرى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئالاھىدە كۈچلۈك ئىدى؛ ئېس-ئېسچىلار قوشۇنى دېموكراتىيىنىڭ نەمۇنىسى ھالىغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ يەردە، مەرتىۋە ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەر يوقۇتۇلغان، ئۇ يەردە ھەممە كىشى مەن ئۈچۈن، مەن ھەممە كىشى ئۈچۈن دەيدىغان قېرىنداشلىق تۇيغۇسىلا مەۋجۇت ئىدى. بۇنداق بىر ئەھۋال مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ئوفىتسېرلىرى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان بىر قاراش ھېسابلانمايتتى. ھەممىدىن بەكىرەك باراۋەرلىكنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغانلار ”ياشلار ئەمگەك مۇلازىمىتى“ ئىدى. يەنى، 17 بىلەن 25 ياش ئارىسىدىكى قىز-ئوغۇل ياشلار، سىنىپ پەرقىگە قارىماي قەتئى تۈردە ”خەلق ۋە ۋەتەن ئۈچۈن“ بىر مەزگىل ئەمگەك مۇلازىمىتى بىلەن شوغۇللىنىشى ياكى دېھقان، ئىشچى بولۇپ ئىشلىشى شەرت ئىدى. بۇنداق قىلىش ئەسلىدە ئىشسىزلىقنى ئازايتىش مەقسەت قىلىنغان بولسىمۇ، روزېۋېلت ئوتتۇرغا قويغان نىشانغا ئوخشاپ كېتىدىغان ”ئاممىۋى خەلق ئەسكىرى“ دىن ئاللىمۇ قاچان ھالقىپ كەتكەن سوتسىيالىزمنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى ھالىغا كەلگەن ئىدى. ئەمگەك لاگىرلىرىنىڭ تېمىغا ھەر دائىم بايراقلار، فۈھرېر بىلەن باشقا رەھبەرلەرنىڭ رەسىملىرى ئېسىلغان بولاتتى، شۇنىڭدەك ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك ”گېرمانىيە ساڭا مۇھتاج، سەنمۇ گېرمانىيىگە مۇھتاج“، ”خەلق ھەممىدىن ئۈستۈن، ئۇنىڭ ئالدىدا سەن ھېچ نېمىگە ئەرزىمەيسەن“، ”ئەمگەك قىلىش گېرمانىيە ياشلىرىنىڭ شەرەپلىك ۋەزىپىسى“ دېگەندەك ھاياجانغا سالىدىغان پىلاكات-شۇئارلار ئېسىلاتتى. قايسى بىر ئەمگەك لاگىرىدا ئامېرىكىلىق زىيارەتچى گ. س. كوكس مۇنداق ئىككى پارچە ئىنتايىن مۇھىم پىلاكاتنى ئۇچرىتىدۇ.407 بۇلاردىن بىرسى ھىتلېر ئۈزۈندىسى بولۇپ، ”يەھۇدىيلار ھەرگىز نېمىس ھېسابلانمايدۇ، ئۇلار پەقەتلا سودىگەر، پۇخرا ئەمەس بەلكى تازىلىنىشقا تېگىشلىكلەر“ دېيىلگەن؛ يەنە بىرسى، ئۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئېسىلغان بولۇپ، كانتنىڭ ئۈزۈندىسى ئىدى: ”ئەقلىڭنى ئىشلىتىشكە تىرىش“. كوكس يەنە شۇنىمۇ كۆردىكى، چېنىقىشقا قاتناشقانلارنىڭ كەيپىياتى بەكلا يوقۇرى ئىكەنلىكىنى، ”ئۇلارنىڭ تېنى ساغلام، كىيىم-كېچىكى پۈتۈن ۋە يېمەك-ئىچمىكى مول ئىكەنلىكىنى، بۇلار، نۇرغۇن ياشلار ئۇزۇندىن بۇيان ئېرىشەلمەي كەلگەن باياشات تۇرمۇشلار ئىدى. ئۇلار شۇنچە ئالدىراش ئىشلەيتتىكى، بىر-بىرسى بىلەن پاراڭلاشقىدەكمۇ ۋاقىتلىرى يوق ئىدى.“
ھىتلېر ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققان دەسلەپكى 4 يىل جەريانىدا پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلىگەنلىكى، بەلكىم ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىشى مۇمكىن. دېپلوماتىيە ئەمەلدارى گيورگ كەننان باشلىقىغا مۇنداق دەپ ئەسكەرتىدۇ: ھىتلېر ھېچ قاچان ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغان بىرسى ئەمەس. ”گېرمانىيەنى بىرلىككە كەلتۈرەلىگەن. بۇ پۈتۈنلەي توغرا. بۇلار بوناپارت بىلەن ئۈچىنچى ناپالېئونمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىشلار، بۇ ئىش ۋېرسالدا تاماملانغان. ئەندى ئۇ ئالاھىدىچىلىكنىڭ قالدۇقلىرى بىلەن سىنىپى پەرقلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلىماقچى. ھىتلېرنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشتە ئەڭ تۈۋەن ئۆلچەمگىچە تۆۋەنلىتىپ بۇ ئىشلارنى پۈتتۈردى دېيىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتكىمۇ ماس كەلمەيدۇ. گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكى بىر پاكىت. ھىتلېر ئەندى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇ ياراتقان ئىتتىپاقلىق داۋاملىق ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىرتتىن كېلىدىغان مۇداخىلىيىنى چەكلەش ئىشىمۇ داۋاملىق ساقلىنىپ قالىدۇ. يەنى قەتئى ساقلىنىدۇ. قىزغىنىش، تۇراقسىزلىق، ئۆزىنى پەس كۆرۈش، شۇنىڭدەك بۇنىڭ كەينىدىن كېلىدىغان ياۋروپاغا ھۈكمۈرانلىق قىلىش ئاچكۆزلىكى، مانا بۇلار مۇتلەق كۆپ ساندىكى نېمىسلاردا بار بولغان ئورتاق ئالاھىدىلىكلەر.“
گېرمانىيە مەسىلىسىنى ئوبىكتىپ بىر شەكىلدە تەتقىق قىلىدىغان بىرمۇ كۈزەتكۈچى ھىتلېر قولغا كەلتۈرگەن بۇ تۈردىكى زور ئۇتۇقلارنى ھەرگىز يوققا چىقىرالمايتتى. گەرچە ئەمگەكچىلەر ئاممىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن مەھرۇم قالغان بولسىمۇ، كاپىتال تەرەپمۇ سىياسىي جەھەتتە تەشكىللىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم ئىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا، ھەر بىر كىشى ھوقۇق بىلەن ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولغان، دۆلەت بولسا باراۋەرلىك بىلەن ئىناۋىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئەمما ھىتلېرنىڭ پروگراممىسى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل پۇخرالارنىڭ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولىشى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ: گەرچە ئۇ ئىجادىي بىر ئۇسلۇپتا دۆلەتنى ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئىشسىزلىققا خاتىمە بېرەلىگەن بولسىمۇ، ئۇ ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر قايتىدىن قۇراللىنىشنى تىزلىتەلىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ۋەيرانچىلىق يوشۇرۇنغان ئىقتىسادىي كرىزىسنى گېرمانىيىنىڭ ئۈستىگە مەجبۇرى تاڭغان ئىدى. شاخت دېگەن بۇ ئەقىللىق ئادەم، پۈتۈن ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ ھىتلېر بىلەن ئارمىيە تەرەپنىڭ گېرمانىيىنىڭ ئىقتىسادىنى مۇستەقىل قىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە قارشى ئىدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇرۇش مىنىستىرلىكىنى رەت قىلىپ، ل. گ. فاربېننىڭ سۇنئىي كاۋچۇك ئىشلەپچىقىرىش پىلانىغا قارشى چىقىدۇ. كەينىدىنلا بلومبېرگنىڭ يېقىلغۇ مېيى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش تەلىۋىنىمۇ رەت قىلىدۇ. بۇ تۈردىكى ئىشلار تىنچلىق دەۋرىدىكى خەلق ئىگىلىكى تەڭپوڭلۇقىنى بۇزىۋېتىدىغانلىقىدىن بەكلا ئەنسىرىگەچكە ئۇلارغا قارشى چىققان ئىدى. ئەمما 1936-يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە شاختنىڭ تەسىرى تەدرىجى ئاجىزلىماقتا ئىدى. ھىتلېرنىڭ قۇرۇغلۇق ئارمىيىسىنى 36 دىۋىزىيىگە كېڭەيتىش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىشى خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەڭپوڭلۇقىنى قالايماقان قىلىۋىتىدۇ. بۇنىڭغا مۇنداق ئىككى مەسىلە سەۋەپچى بولغان ئىدى: ئىمپورت باھاسى 9 پىرسەنت ئارتىپ، ئېكىسپورت باھاسى ئەكسىنچە 9 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى؛ دېھقانچىلىق ئۇدا ئىككى يىل ھۇسۇل تۈۋەنلەش ھادىسىسىگە دۈچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن گېرمانىيە يېزائىگىلىكى دۆلىتىنىڭ تەلەپنى قاندۇرۇشقا كۈچى يەتمەي قالدۇ. خام ئەشيا جوغلانمىسى بارغانسىرى ئازىيىپ، بازاردا كىشىنى خاتىرجەمسىز قىلىدىغان يېمەكلىك بىلەن يېقىلغۇ يېتەرسىزلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقماقتا ئىدى. رۇسىيە بۇ ئىككى تۈرلۈك توۋارنىڭ ئېكىسپورتىغا ئىمبارگو قويغانلىقى، شۇنىڭدەك رومىنىيەمۇ باھانى ئۆستۈرىۋالغانلىقى بۇ كرىزىسنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. مەركىزى ئىسىنىش، يۇرۇتۇش ئېنېرگىيىسى، سىلىغلاشتۇرۇش مايلىرى قاتارلىقلارنىڭ تەمىنلىنىشى، شۇنىڭدەك سەلەركە تەمىناتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈلۈپ، ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان بۇ تۈر ماددىلار بۇ يېتىشمەسلىكنىڭ ئورنىنى ئالالماي كەلمەكتە ئىدى.
بۇ تۈردىكى جىددى ئەھۋاللار، ھىتلېرنى 1936-يىلى ياز ئوتتۇرلىرىدا يوقۇرقىدەك ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىقتىساد پىلانىنى ئوتتۇرغا قويۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.408 ھىتلېرنىڭ يېقىلغۇ ماي جوغلانما كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرغا قويغان تەدبىرى، يەنى ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش پىرىنسىپىنى خېلى يىللاردىن كېيىن ئا ق ش ئىشقا كىرىشتۈرگەن. ھىتلېر، گېرمانىيىنىڭ بۈگۈنكى تېرىتورىيە دائىرىسى ئىچىدە ئۆزىنى ئۆزى قامداش مەسىلىسىگە تولۇق جاۋاب بېرەلىگىدەك يېتەرلىك خامئەشيا ئىشلەپ چىقىرىش ئىمكەانىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرە ئىچىدە بۇ تۈر مەسىلىلەرنى ئۆز يېرىدە ھەل قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇ، گېرمانىيە شەرققە قاراپ كېڭىيەلىگىنىدىلا مۇتلەق تۈردە ئۆزىنى قامداش مەسىلىسى ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلىنىشى مۇمكىن دەپ قارايتتى. شۇڭا ئۇ شاختنىڭ پىكىرلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ سېنتېتىك كاۋۇچۇك ئىشلەپچىقىرىش، تۆمۈر رودىسى ئىشلەپ چىقىرىش، ماي، توقۇمچىلىق ۋە بەش خىل مېتال مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئارتتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، بىر يېرىم يىل ئىچىدە يېقىلغۇ كىرىزىسى مەسىلىسى ھەل قىلىنىشى كېرەك دەپ قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر، ئەگەر بۇنداق بىر پىلان يولغا قويۇلىدىكەن، ئۇ ھالدا ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقى پەۋقۇلئاددە ئارتىپ كېتىشى مۇمكىن دەپ ئۇنى ئىزچىل تۈردە ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئەمما ھىتلېر بۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالماي قولىقىنى يوپۇرۇپ كېتىۋېرىدۇ. سانائەت ساھەسىدىكىلەر ھىتلېرنىڭ خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىش ئورنىغا قۇرال ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويۇشىغا تەرەپ-تەرەپتىن قوزغىلىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىشىدۇ. ئەمما ھىتلېر بۇ تۈر نارازىلىقلارغىمۇ قۇلىقىنى يۇپۇرىۋېلىپ يۈرىۋېرىدۇ. ھەتتا بۇنىڭ ئەكسىنچە، ھىتلېر، دۆلەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىيەلەيدىغان ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىشلىرىغا قارشى مۇداخىلە قىلىشقىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھىتلېر، ”مالىيە بىلەن ئىقتىساد، ۋە شۇنىڭدەك بارلىق نەزەرىيىلەرنىڭ ھەممىسىلا خەلقىمىزنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىش كۈرىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولىشى كېرەك“ دەپ ئېلان قىلىدۇ. ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىش بىر جاسارەت مەسىلىسىلا ئىدى. شۇڭا ئۇ ”ھەربىي ئىشلار بىلەن سىياسىي سەپەرۋەرلىككە نىسبەتەن“ ئىقتىسادىي سەپەرۋەرلىك ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. قۇرۇغلۇق ئارمىيىسىنى 4 يىل ئىچىدە ئۇرۇش قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈشكىلا بولىدىكەن، ئىقتىسادىي سەپەرۋەرلىكنى قانداق قانات يايدۇرۇش كېرەكلىكىگە قەتئىي ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
مانا بۇ، ھىتلېرنىڭ 1936-يىلى نيۇرېمبېرگ قۇرۇلتىيىدا ئېلان قىلغان 4 يىللىق پىلانى ئىدى. قۇرۇلتاي يېپىلىپ بىر ئايدىن كېيىن، ئۇ گيۆرىڭنى بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەخسۇس مەسئۇل قىلىپ تاللايدۇ. قىزىق يېرى، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان ئادەملىرى ئارىسىدا پەقەت بىرلا كىشى كونا پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، قالغان مۇھىم مەسئۇللارنىڭ ھەممىسىنىلا ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، سانائەتچى ۋەكىللىرى ۋە باش قۇماندانلىق شىتاپ گېنېراللىرى تەيىنلەنگەن ئىدى. بۇنىڭدىن، ئۆزىگە ھەم ھىتلېرغا سادىق گيۆرىڭدىن باشقا ناتسىستلارنى خەلق ئىگىلىكى پائالىيىتىدىكى سىياسەت بەلگىلەش دائىرىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
بىر قېتىملىق مەملىكەت بويىچە سەپەرۋەرلىك چاقىرىقى نۇتقىدا، گيۆرىڭ ئىشچىلار بىلەن دېھقانلار چوقۇم پۈتۈن كۈچىنى ئىشلەپچىقىرىشقا قارىتىشى، كەشپىياتچىلار چوقۇم دۆلەت باشقۇرىشىنى قوبۇل قىلىشى، سودىگەرلەر ”پايدىنى كۆزلىمەي مۇستەقىل ۋە كۈچلۈك گېرمانىيە ئىگىلىكى قۇرۇپ چىقىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئويلىشى“ لازىم دەپ ئېلان قىلىدۇ. ئۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەردىن پايدىلىنىش ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ، كېيىن ئامېرىكا پرىزدېنتلىكىگە سايلىنىدىغان بىرسىنىڭ چۈشەندۈرىشىنى نەقىل كەلتۈرۈپ گېرمانىيە خەلقى ئومۇمىي يۈزلۈك ھالدا دۆلەتكە خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ”بىز ھەر بىرىمىز ھەر كۈنى ئۆزىمىزگە مەن نېمە قىلالىشىم مۇمكىن، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۆھپە يارىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن؟ دەپ سۇئال قويۇپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك“ دەيدۇ.
ئىككى ئايدىن كېيىن، ھىتلېر بىر قىسىم سانائەتچىلەرنىڭ مۇھىم كىشىلىرىگە بىۋاستە چاقىرىق قىلىپ، ئۇلارنى گيۆرىڭغا ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئورۇندىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”گيۆرىڭ بۇ ئىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق نامزاتى، ئۇ كۈچلۈك غەيرەتلىك پولاتتەك ئىرادىگە ئىگە بىرسى.“ يەنە شۇ قېتىمقى يىغىندا گيۆرىڭمۇ سانائەتچىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ھازىرقى مەسىلە، قانداق قىلغاندا ئەرزان ئىشلەپ چىقارغىلى بولار دەيدىغان مەسىلە ئەمەس. بەلكى قانداق قىلغاندا قەتئى ئىشلەپچىقىرىشقا بولار دەيدىغان مەسىلىنى ئويلىنىشىمىز كېرەك دەيدۇ. تاشقى پروۋوتنى قانداق قىلىپ قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسى بىلەنمۇ چاتىقى يوق ئىكەنلىكىنى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئەمما ھېچ قانداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرلا سوتقا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ.
”مەن بۇ تۈردىكى ئىقتىسادىي جەھەتتە قالايماقان ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنى ئەيىپلىمەي تۇرالمايمەن.409 — دەپ يازىدۇ شاخت، — شۇنىڭدەك يەنە بۇ تۈردىكى مەسئولىيەتسىزلىكلەرنى ئادەت قىلىۋالغان، قانۇننى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قالايماقان قىلىۋىتىغان ھەرىكەتلەرگە قارشىمەن.“ ئۇ، 60 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى مۇراسىمىدا سۆزلىگەن بىر نۇتقىدا ئەنە شۇنداق سۆزلەرنى قىلىدۇ. ئۇ يەنە گيۆرىڭنىڭ بىردىن-بىر مۇھىم ئىش — ئىشلەپچىقىرىش دېگەن سۆزىنىمۇ تەنقىتلەيدۇ. ”ئەگەر بىر پارچە ئېتىزلىققا يۈز قاداق (ئەنگلىيە ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، بىر قاداق تەخمىنەن 0.454 كىلو گرامغا تەڭ — ئۇ.ت) ئۇرۇغ چېچىپ كۈزدە ئۇ يەردىن بۇنىڭ تۆتتە ئۈچىگە تەڭ كېلىدىغان 75 قاداق ھوسۇل ئالغىدەك بولسا، ئۇ ھالدا، بۇنداق بىر ئىش ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەقىل يەتكۈزگىلى بولمايدىغان ئاخماقانە ئىش قىلىنغانلىق ھېسابلىنىشى كېرەك.“ بۇ بىر نەزەردىن چۈشۈپ قېلىۋاتقان ئەمەلدارنىڭ ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقى ئىدى. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ، شاخت ئىقتىسادىي مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. نەتىجىدە گيۆرىڭنىڭ خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ، فۈھرېرنىڭ خەلق ئىگىلىكىنى قايتا قۇراللىنىش ئىگىلىكىگە ئايلاندۇرۇش پىلانىنى، يەنى ھىتلېرنىڭ ئۇرۇشقا خىزمەت قىلىشنىڭ تولۇق قۇرالى ھالىغا كەلتۈرۈلگەن پىلاننى كۈچەپ ئىجرا قىلىشقا كىرىشىدۇ.
ئەگەر ھىتلېر 1937-يىلى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ئىدى، يەنى ئۇ تەختىگە چىقىپ 4-يىلسى ئۆلۈپ كەتسە ئىدى، ھەر قانچە ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسلارغا دۈچ كەلگەن بولىشىدىن قەتئى نەزەر، قىلچە شۈبھە يوقكى، ھىتلېر ئەڭ ئۇلۇغ كىشىلەردىن بىرى قاتارىدا گېرمانىيە تارىخىغا يېزىلىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىدى. پۈتكۈل ياۋروپادىمۇ، مىليونلارچە ئىنسان ئۇنىڭغا شۇنداق كۈچلۈك قايىل ئىدىكى، بېرىپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئىگىلىپ تازىم قىلغىدەك ھالغا كەلگەن ئىدى. گېرترۇد ستېين (ئۇنىڭچە بولغاندا ھەتتا روزېۋېلتنىمۇ ئۇنىڭغا قارىغاندا كىشىنى زېرىكتۈرىۋېتىدىغان بىرسى دېيىش مۇمكىن ئىكەن) نىڭ قارىشىچە، ھىتلېر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق بىرسى ھېسابلىناتتىكەن. گيورگ بېرنارد شاۋ مەتبۇئاتلاردا ماقالە ئېلان قىلىپ، ھىتلېر بىلەن باشقا مۇستەبىتلەرنى ئاقلايدۇ. ئۇ ئېلان قىلغان فاشىزم توغرىسىدىكى نۇتقى، ئۇنىڭ ”فابىئان جەمىيىتى“ (بۇ گۇرۇھ، تىنچلىق ۋە پەيدىن-پەي سوتسىيالىزمنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىماتىنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر گۇرۇھ بولۇپ، 1884-يىلى ئەنگىلىيىدە قۇرۇلغان — ھ. ئىزاھاتى) گە تەۋە كىشىلەرچە دەر غەزەپ بولۇپ كەتكەن، شۇنىڭدەك سۈرگۈن قىلىۋېتىلگەن فاشىزمغا قارشى جەڭچىلەر تەرىپىدىنمۇ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان، ئېغىر تەنقىتلەنگەن سۆزلەر بىلەن يېزىلغان خەتلەر كەينى ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلايدۇ. يەنە بىر ئاشكارە ئەگەشكۈچى بولغان كىشى شىۋىتسىيىلىك داڭلىق ئېكسپېدىتسىيىچى سۋېن ھېدىن ئىدى. ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: ھىتلېر ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ھارماس-تالماس قىزغىنلىققا ئىگە بىرسى، ئۇ ئۇلۇغ سىياسىي قاراشقا ئىگە، قىلچە خاتالاشماستىن كەلگۈسى پەرەزلەرنى قىلالايدىغان، ”ھەقىقەتەنمۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ پاراۋانلىقىنى ئويلايدىغان بىر ئادەم.“ ھېدىن ئۆزىمۇ 16 دا بىر يەھۇدىي قېنى ئارىلاشقان كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن پەخىرلىنىپ يۈرەتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى قاراشلىرىنى ئاقلاپ كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جەھەتتە قاتتىق تەدبىر قوللىنىشىغىمۇ قارشى ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر سەن ھەقىقەت مەيدانىدا تۇرۇپ ئۇرۇش توختىغاندىن بۇيانقى يەھۇدىلارنىڭ قىلغان ئىش-ئىزلىرىنى كۈزىتىدىغانلا بولساڭ، نېمىسلارنىڭ نېمىشكە بۇنچىۋالا يەھۇدىي دۈشمىنى بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشىنەلەيتتىڭ. ”قەيەردە مەغلوبىيەتچىلىك بىلەن قۇللارچە باش ئىگىش سىياسىتى بار بولىدىكەن، شۇ يەردە بۇ ئىشلارنىڭ ئاساسلىق ھىمايىچىلىرىنىڭ قەتئىي تۈردە يەھۇدىلار ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن. كومۇنىزىم بىلەن بولشېۋىكچىلىكنىڭ ئاۋانگاردلىرىمۇ چوقۇم يەھۇدىيلاردىن بولۇپ چىقىدۇ. بۇ بىر قانۇنىيەت.“ ئۇنىڭ ھىتلېر قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدىكى چىقارغان خۇلاسىسىنى، بىر ھېسابتا گيوبېلسنىڭ ماقالىلىرىدىن كۆچۈرىۋالغان دېيىشكىمۇ بولاتتى.
”قىسقىغىنە 4 يىل ئىچىدە خەلقىنى ئەڭ تۈۋەن سەۋىيىدىكى ئورۇندىن ئۆزىنى تونىغان، ئويغانغان، مەغرۇر، ئىنتىزامچان ۋە ھۈكمىرانلارغا ئايلاندۇرالىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا يۇرتداشلىرىنىڭ رەخمىتىنى ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغاشقا يېتىپ ئاشىدۇ.“ ھىتلېر شەخسى ھالدىكى چەتئەللىكلەرنىلا رىغبەتلەندۈرۈپ قالماستىن، پۈتكۈل ياۋروپادا شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ھەرىكەتنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئۈلگە بولۇپمۇ بېرىدۇ. بۇلاردىن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ”ئەنگلىيە فاشىستلار بىرلەشمىسى“، يەنى قارا كىيىملىكلەر پارتىيىسى دېگەنلەرنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. تېخى يېقىندىلا، ھىتلېر قارا كىيىملىكلەر پارتىيىسى رەھبىرى بولغان سىر ئوسۋالد موزلېي بىلەن دېئانا مىتفوردنىڭ توي مۇراسىمىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن چۈشلۈك زىياپەتكە قاتنىشىدۇ. فرانسىيىدە، ئۇ يەردە، يەھۇدىيلارغا قارشى ھەرىكەت ئۇزۇندىن بېرى مىللەتچىلىكنىڭ، خانغا سادىقلىقنىڭ بىر شەكلى ھالىغا كەلگەن بولۇپ، بەزىدە يەنە كاتولىكچىلىكنىڭمۇ بىر تەرىپى ھالىغا كەلمەكتە ئىدى. يەنى چارلېس ماۋرراس رەھبەرلىكىدىكى ”فرانسىيە ھەرىكەت جەمىيىتى“ مۇ روناق تېپىشقا باشلايدۇ. ئاندرې مالراۋكس ھەمدە كرويكس دې فېۋ دېگەندەك تالانتلىق بىر قىسىم يازغۇچىلار ئارىسىدا ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى.410 ئۇندىن باشقا، فرانسىيەدە يەنە پولكوۋنىك فرانچويس دې لا روكيۇ رەھبەرلىكىدىكى كونا پاسون رادىكال ئوڭچى تەشكىلات بولغان ”تۆمۈر كىرىست“، شۇنىڭدەك بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بەش-ئالتە تەشكىلات پائالىيەتتە ئىدى. گەرچە ئەمەلىيەت جەريانىدىكى فاشىستلار بۇ تۈردىكى كونا قېلىپقا چاپلىشىۋالغۇچىلاردىن بىزار بولغاندەك قىلسىمۇ، ھىتلېر بىلەن مۇسسولىننىڭ ئېلان قىلغان قاراشلىرى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىنىشى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك رولىنى ئوينىغان ئىدى. ئۇلار ئەركىن دۆلەتكە قارشى، دېموكراتىيە بىلەن پارلامېنت تۈزۈمىگە قارشى ئىدى.
بىلگىيىدە بولسا، كېيىن ئۆزىنى ھىتلېر روھىنىڭ پارچىسى دەپ ئاتىۋالىدىغان ياش لېئون دېگرېل ”خانلىق پارتىيىسى“ نى قۇرۇپ، ئۇنى كومۇنىزمغا قارشى قەلئە دەپ ھېسابلايدۇ. ”بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىز، — دەيدۇ خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن باھالاپ كېلىپ، — مىلتىقلىقلار جەمىيىتى خاراكتېرىدىكى بىر تەشكىلات بولۇپ، ئۇ ھەرگىز بىر فاشىست خاراكتېرىدا سىياسىي تەشكىلات ئەمەس، ئۇ بىر ئاڭ قۇرۇلمىسى خاراكتېردىكى بىر ھەرىكەتتۇر“ دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خانلىق دېگەنلىك بىر خىل دەۋر ئىللىتىگە قارشى ھەرىكەت دېگەنلىك ئىكەن؛ ئۇ بىر سىياسىي ئىسلاھات بىلەن سىياسىي ھەق ھەرىكىتى؛ قالايماقانچىلىققا، قابىلىيەتسىزلىككە، ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق، تەۋرىنىپ يۈرۈش ۋە شۇنىڭدەك، بۇ تەرىپى ئەڭ مۇھىم — بولشېۋىكچىلىك قاتارلىقلارغا قارشى بىر كۈرەش ھېسابلىنىدىكەن.
فاشىزىم تەسىرى ئامېرىكىغىمۇ يېتىپ بارىدۇ. ئامېرىكىدا ”گېرمانىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقى“ ئەزالىرى ئاشكارە تۈردە ناتسىستلار فورمىسىنى، يەنى ئاق كۆڭلەك، قارا گالۇستۇك، ئۆتۈك كىيىشىپ كرىست بەلگىلىك يەڭلىك تاقاپ يۈرەتتى. خىتايدا بولسا، جاڭ كەيشى ”كۆك كۆڭلەكلىكلەر جەمىيىتى“ دېگەن بىر تاللانغانلار گۇرۇپپىسىنى مەخپى تۈردە تەشكىللەپ چىقىدۇ. ”بۈگۈنكى كۈندە فاشىزم قالاقلىق دەپ قارالماقتا. — دەيدۇ نۇرغۇن يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىر تەشكىلات ئەزاسى، — ئەمما ئۇ كۈنلەردە بۇ ئەقىدە خىتاينى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ئىلغار تەدبىرى ھېسابلىنىاتتى.“ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق غايىسى، روشەنكى، مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوغداش ئىدى. ”فاشىزم يوقۇلىۋاتقان بىر مىللەتنى قايتا ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالالىشىنىڭ بىردىن-بىر قۇرالى.“ كۆك كۆڭلەكلىكلەر جەمىيىتىنىڭ ژۇرنىلى بولغان «جەمئىيەت خەۋەرلىرى» نىڭ بىر باش ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: ”بۇ ئەقىدە، ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيىنى قۇتقۇزۇپ قالالىدى. … شۇڭا، فاشىزمنىڭ زوراۋانلىق كۈچتىن پايدىلىنىپ كۈرەش قىلىش روھىدىن باشقا ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيىدە يولغا قويۇلغىنىدەك باشقا ماڭىدىغانغا يولىمۇ يوق ئىدى.“ جاڭ كەيشىمۇ بۇ ئەقىدىگە بەكلا قىزىقىدۇ: ”فاشىزم خىتاينى قۇتقۇزالارمۇ؟ — جاڭ كەيشى سورايدۇ بەزى كۆك كۆڭلەكلىكلەردىن ۋە بۇ سۇئالغا ئۆزى جاۋاپ بېرىدۇ، — چوقۇم قۇتقۇزالايدۇ! فاشىزم ئەقىدىسى بۈگۈنكى خىتايغا بەكلا ماس كېلىدىغان بىر ئەقىدە.“ گەرچە ئۇ ئاشكارە سورۇنلاردا ياۋروپالىقلارنى رەت قىلىدىغان، دېموكراتىيىنىمۇ يامان كۆرىدىغان بولسىمۇ، ھىتلېرنىڭ فۈھرېرلىك تۈزۈمىگە بەكلا ئىشىنەتتى (”نەچچە ئون يىلدىن بېرى مەن دېموكراتىيە بىلەن ئىدىيىۋى ئەركىنلىك تەرغىباتلىرىغا بەكلا ھەۋەس قىلغان بولساممۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ قانداق بىر مەنپەت ئالالمىدىم“). ”فاشىزمنىڭ مۇھىم نوقتىسى، — دەيدۇ جاڭ كەيشى ھىتلېر تەختكە چىقىپ 8 ئايدىن كېيىن پارتىيە مەسئۇل خادىملىرىغا، — ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ داھىسىغا مۇتلەق ئىشىنىىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى.“ بۇنداق بىر داھىغا تولۇق ئىشەنچ پەيدا بولماي تۇرۇپ مىللەتنىڭ روناق تېپىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ”شۇنداق ئىكەن، ئارتۇق گەپنىڭ ئورنى يوق، داھىي، ئىنقىلابى روھقا ئىگە ئۇلۇغ ئادەم دېمەكتۇر. شۇڭا بۇنداق بىر داھىي پۈتكۈل پارتىيە ئەزالىرىغا قەتئىي تۈردە ئۈلگە بولالايدۇ. شۇنىڭدەك، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ھەممىنى قۇربان قىلىپ، بىۋاستە داھىيسى ۋە پارتىيىسى ئۈچۈن كۈچ چىقارماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭ بۇ ئىشى ماھىيەتتە جەمئىيەت ئۈچۈن، مىللىتى ئۈچۈن ۋە ئىنقىلاپ ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇ ئىنقىلابىي پارتىيىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن كۈنۈمدىن ئېتىبارەن، ئۆز ھوقۇقىمنى، ھاياتىمنى، ئەركىنلىكىمنى ۋە بەختىمنى بۇ پارتىيىگە ۋە ئۇنىڭ داھىيسىغا ئاتىدىم. … شۇنداق بولغاچقا، مەن ئۆزەمنى ھەقىقى فاشىست دەپ تونۇشقا ھەقلىقمەن.“
ھىتلېرنىڭ تەختكە چىققىنىدىن بويانقى تۇنجى 4 يىل جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ئوخشاش ئەقىدىدىكى كىشىلەرنى كۈچلۈك ئىلھاملاندۇرىۋېتىدۇ. فاشىزم ئەقىدىسى كۆڭلىدە نارازىلىق يوشۇرۇنغان ياكى پۇخرالىق ھوقۇقى تارتىپ ئېلىنغان خەلقنىلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ قالماي، كۆڭلىدە ياخشىلىقتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان، دۆلەت ۋە خەلقنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان كىشىلەرنىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلغان ئىدى. ئۇ، زور كۆلەمدىكى ياشلار بىلەن زىيالىلارنىمۇ ئۆز تەرىپىگە تارتىپ كەتكەن ئىدى.411 ئۇلارغا، بۇرجۇئازىيىنىڭ ئەركىنلىكىگە قارىغاندا فاشىزم بەكىرەك يېڭىلىق تۇيۇلاتتى. گەرچە ھەر قايسى ئەللەردىكى فاشىزمچىلارنىڭ ئىسىملىرى بىر-بىرسىدىن پەرقلىنىپ تۇرسىمۇ، فاشىزمنى يولغا قويىۋاتقان بارلىق كىشىلەر (ھىتلېر بىلەن مۇسسولىننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) بىردەك شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ھەر قانداق بىر ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئى نەزەر، مىللى روھنىڭ بىرلىككە كېلەلىشى چوقۇم ھەر قانداق ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاشقا يېتىپ ئاشىدۇ دەپ قاراش. ئۇلار يەنە بۇنداق بىر غايە، ھەر قانداق شەكىلدە ئوتتۇرغا چىققان بولىشىدىن قەتئى نەزەر، قىلچە تەنقىتلەشكە بولمايدىغان بىردىن-بىر ھەققانىيەت بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ دەپ قارىشاتتى.
15. ”ئىنسان نېمە دېگەن ئاجىز مەخلۇق“
|
|
|
|
|
|
|