- جۇغلانما
- 200

بايلىق- 123 دانە
شۆھرەت- 0 سەر
ئوقۇغۇچى
|
توققۇزىنچى بۆلۈم
پاتقاققا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىش
28. قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكىلەرنىڭ پارتلىتىش سۈيىقەست پىلانلىرى
1943-يىلى نويابىردىن 1944-يىلى 21-ئىيولغىچە777
1
گېنېرال جودل، پىۋىخانا قوزغىلىڭىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا گېرمانىيىنىڭ ستراتىگىيىلىك ئورنىنى 100 دەك ئىمپىرىيە ئەمەلدارى بىلەن يەرلىك ئەمەلدارلارغا ئاشكارىلايدۇ. مىيونخېندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مەخپى يىغىندا، بۇ گېنېرال گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ رۇسىيەدە پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە يولۇققانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ئىسپانىيەنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرەلمىگەنلىكىنى، نەتىجىدە جەبىلتارىق بوغۇزىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكىنىڭمۇ سەۋەبىنى (بۇ ئىشتا يەنە شۇ “مەسىھ جەمىيىتىدىن بولغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېررانو سۈنېر ھىلە ئىشلىتىپ بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلغان”)، شۇنىڭدەك يەنە “تارىختىكى ئەڭ چوڭ ساتقۇنلۇق”، يەنى ئىتالىيانلارنىڭ ساتقۇنلۇقى ئۈستىدىمۇ تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىش بىلەن بىرگە يەنە ھاياجانغا تولغان ھالدا كەلگۈسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇ، غەرپلىكلەر ھاۋا ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشىۋالغانلىقىنى، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئايروپلانلىرى پۈتكۈل گېرمانىيىگە قونماقچى بولىدىكەن، نۆۋەتتىكى مۇداپىيىلىنىش كۈچىگە تايىنىپلا بۇنچىۋالا كەڭ دائىرىلىك ھاۋا ئىشغالىيەت كۈچىگە تاقابىل تۇرۇالىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېتراپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئولتۇرغانلار قاتتىق ھەيران قالىدۇ. ئۇ ئاخىرى خۇلاسىلاپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر چارىسى، قولىغا قورال ئالالىغىدەك ھەر بىر نېمىسنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش شەرت دەپ ئېيتىدۇ. ئۇ نۇتقىدا، شەرقى سەپتىن ئەسكەر ئاجرىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك تەمىناتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى تەكىتلەيدۇ. چۇنكى ئۇ جايلاردىكى ۋەزىيەت “بارغانسىرى مۇتىدىللىشىپ كېتىۋاتىدۇ” دەپ كۆرسىتىدۇ. غەربى سەپلەردىكى ئادەم كۈچى يېتەرسىز بولۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا چوقۇم يېڭىچە چارە ئىزدەنمەي بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: “مېنىڭچە، كەسكىن ئىرادىلىك ۋە قەتئىي جاسارەتكە تايىنىپ دانىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە ۋە بېلگىيەلەردە مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان بىكارتەلەتلەرنى يىغىپ كېلىپ ئىستىھكام قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا سېلىشىمىزنىڭ ۋاقتى كەلدى. دىققەت، بۇ ۋەزىپە ھەرقانداق ئىشتىنمۇ مۇھىم. شۇڭا بۇ ھەقتىكى بۇيرۇقلار تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى” دەيدۇ.
ئۇ تەسۋىرلىگەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەقىقەتەنمۇ ئۈمىدسىزلىكلەرگە تولغان بىر ۋەزىيەت تەسۋىرى ئىدى. ئۇ نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا، “مەملىكەت ئىچىدىكى دۈچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر بېسىم”، غەرپلىكلەر يۈرگۈزىۋاتقان قورقۇنۇشلۇق بومباردىمانچىلىقى سەۋەبىدىن، شۇنىڭدەك دۈشمەننىڭ ئاتلانتىك ئوكياندا ھاۋا ئۈستۈنلۈككە ئىرىشىۋالغانلىقىدىن بىزنىڭ ئۇلارغا قارشى سۇئاستى پاراخوتلار بىلەن قىساس ئېلىش پۇرسەتلىرىمىزمۇ كۈنسايىن ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن كەلمەكتە دەپ ئېتراپ قىلىدۇ.778 شۇنىڭغا قارىماي ھىتلېر، يەنە ئاخىرقى غەلىبىگە بولغان قەتئىي ئىشەنچىمىزنى تىكلىشىمىز شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە، بىز يەنە شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، بىز يەنىلا تەلەيلىك ھېسابلىنىمىز، بىزنىڭ بىر داھىمىز بار. بۇ داھى، “سىياسىي جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى ھەربىي جەھەتلەردىمۇ قانداق ئۇرۇش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ ماڭىدىغان بىر روھ، پەقەت شۇ روھتىكى ئىرادە كۈچىلا گېرمانىيىدىكى بارلىق قۇراللىق كۈچلەرنى ستراتىگىيە، تەشكىلى ۋە قۇرال جەھەتلەردە ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرەلەيدۇ؛ خۇددى شۇنىڭدەك، بۇنىڭدەك مۇھىم بىر سىياسىي ۋە ھەربى جەھەتتىكى بىر تۇتاش قۇماندانلىقنىمۇ ئەنە شۇ روھ گەۋدىلەندۈرۈپ بەرمەكتە، ئۇنىڭ گەۋدىلەندۈرۈش ئۇسلۇبىنى بۈيۈك ئىمپراتور فرېدېرخدىن بۇيان خەلقىمىز پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدى” دەيدۇ. ئاخىرىدا ئۇ ھىتلېرنى كۆككە كۆتۈرۈپ ئۇنى تەڭداشسىز سىرلىق ھالغا كەلتۈرىۋېتىدۇ. كەلگۈسىدە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە نېمىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېچكىم مۆلچەرلىيەلمەيدۇ. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، گېرمانىيە ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا مەدەنىيەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قانات يايدۇرغان كۈرىشىنى مەڭگۈ توختاتمايدۇ. “ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ قامچىلاپ ھەيدەپ مېڭىشىنى ئۈمىت قىلىدىغان ياكى سوۋېت سىياسىي كومىسسارىياتى ھۈكمۈرانلىق قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر ياۋروپا، مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغان بىر ياۋروپا خامخىيالى.”
يىغىندىكىلەر ئۇنىڭ بۇ نۇتقىنى كۈچلۈك ئالقىشلىشىدۇ. جودلنىڭ نۇتقىنى ھەقىقەت بىلەن ئۈمىدنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشىدىن كەلگەن كۈچ دېيىشكە بولاتتى. ئىككى كۈندىن كېيىن، ھىتلېر كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈشنىلا مەقسەت قىلغان بىر قېتىملىق ئويۇن كۆرسىتىدۇ. ئۇ نۇتقىنى لۆۋېنبراۋ مېھمانخانىسىدا سۆزلەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن يالقۇنلۇق ئىشەنچ پەيدا قىلىۋەتكەن نۇتقىنىڭ تەسىرى نەق مەيداندىكىلەرنىلا ئەمەس ھەتتا رادىئودىن ئاڭلىغۇچىلارنىمۇ قاتتىق ھاياجانلاندۇرىۋېتىدۇ.
بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن، سىياسىي ۋە ھەربى ئىشلار ۋەزىيىتى بەكلا ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ تۈردىكى پارتىيە ۋە خەلق قەلبىنى جوشتۇرۇش مەقسىتىدە ئوينالغان ئۇيۇنلارمۇ رولىنى يوقۇتۇپ پۈتۈنلەي خۇنۈكلىشىپ قالىدۇ. ۋېنگرلار ئىتالىيانلارنىڭ يۈز ئۆرىگەنلىكىگە قاراپ ئۇلاردىن قىزغىنىشقا باشلايدۇ؛ رومىنىيەلىكلەر بولسا 18 دىۋىزىيىسىنىڭ دون دەرياسى بىلەن ۋولگا دەريا بويلىرىدا يوقۇتىلىشىدىن قاتتىق روھىي چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدە، گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانىمۇ 168600 نەپەردىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەسكەر مەنبەسىنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن ئەسكەر تولۇقلاشمۇ مۇمكىن بولماي قالىدۇ، بۇرۇن ئەڭ كىچىك ئوغۇللىرى ياكى يالغۇز بالىلىرىنىڭ ئەسكەر بولىشىنى كەچىرىم قىلىپ ئۆيىدە قېلىشىغا رۇخسەت قىلىش بۇيرۇقىمۇ ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ھەتتا 50 ياشلىق قېرىلار بىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان كونا ئەسكەرلەرنىڭمۇ ئەسكەرگە ئېلىنىشىنى مۇۋاپىق كۆرگەن قانۇنلار ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلايدۇ.
شەرقى ئۇرۇش سېپىدا بۇ يىل يەنە بىر قېتىم ئاپەت خاراكتېرلىق قاتتىق قىش بولىدىغانلىق ئېھتىمالى توغرىسىدىكى پەرەزلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى نەتىجىسىدە “بۆرە ئىنى” بەكلا ئېغىر ئۈمىتسىزلىك ئىچىگە پېتىپ قېلىۋاتاتتى. فۈھرېرمۇ بايرام كۈنلىرىنى ئۇنۇتقاندەك، يا بىرەر ئارچا تىكمەيدۇ يا بىرەر تال شام يېقىپ بولسىمۇ بۇ قېتىمقى تىنچلىق ۋە سۆيگۈ بايرىمىنى تەبرىكلەشكە پەقەتلا قىزىقمايدۇ. 1944-يىلى 26-يانىۋار كۈنى، نەچچە يۈز دېڭىز، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە گېنېراللىرىنى راستېنبۇرگقا چاقىرتىدۇ.
ھىتلېر گېنېراللىرىغا بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ ئىدىيىۋىي ئاساسى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن گېنېراللىرىدىن مىللىي سوتسىئالىزمغا قەتئى تەۋرەنمەي سادىق بولۇشىنى، مىللىي سوتسىئالىزمنىڭ ھەر تۈرلۈك پىرىنسىپلىرىغا چىن قەلبىدىن سادىق بولىشىنى تەلەب قىلىدۇ. بۇ گەپلەرنى سۆزلەۋاتقىنىدا فۈھرېر ئىنتايىن خاتىرجەم ۋە جىددىي قىياپەتتە سۆزلەيدۇ. شۇڭا ئۇ، كېيىنكى گەپلىرىنى بەكلا غەلىتى بىر شەكىلدە سۆزلىگىنىدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ھەيران بولغىنىچە ھاڭۋېقىپلا قېلىشىدۇ: “گېنېرال جاناپلار، بۇ قېتىمقى ئۆلۈم-كۆرۈم كۈرىشىدە، ئەگەر ئۇلۇغ تەڭرىمىز راستىنلا بىزنىڭ غەلىبە قىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلمىغان بولىدىكەن، ئەگەر قۇدرەتلىك تەڭرىمىزنىڭ ئىرادىسى گېرمانىيە خەلقىنى بالايى-ئاپەتلەر ئىچىدە قالدۇرۇپ بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىغان بولىدىكەن، ئۇ ھالدا، سىلەر، ئۈچ خىل ئارمىيە قۇماندانلىرى بولغان سىلەر، قىلىچىڭلارنى كۆتۈرۈپ مېنىڭ ئەتراپىمدا بىرلىشىپ، گېرمانىيىنىڭ ئابرويى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىڭلار قالغىچە جەڭ قىلىشىڭلار شەرت! ئەپەندىلەر، باشقا يول يوق، بۇ ئىش بۇنىڭدىن باشقىچە بولىشى مۇمكىن ئەمەس!”
زالدا گويا ھەممىنىڭ نەپىسى توختاپ قالغاندەك بىر مەزگىللىك ئېغىر سۈكۈت ھۆكۈم سۈرىدۇ.779 بۇ جىمجىتلىق ئاخىرى بىرىنچى قاتاردا ئولتۇرغان بىر ئوفىتسېر تەرىپىدىن بۇزۇلىدۇ. ئۇ ھەربىي ئۆزىنى ئاھانەتكە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلماقتا ئىدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى ۋون مانستېيىن مازاق قىلغاندەك تەلەپپۇزدا: “ئەلىۋەتتە شۇنداق بولىشى كېرەك فۈھرېرىم!” دەپ ۋارقىرايدۇ. ھىتلېر، بۇ گەپ مازاق قىلىش خاراكتىرىدىكى بىر سۆز بولىشىغا قارىماي، قالغان ئۈچ خىل ئارمىيە قۇماندانلىرىمۇ تىك تۇرغىنىچە بۇ گەپنى بىرلىكتە تەكرارلايدۇ، دەپ ئويلاپ بىر ئاز كۈتۈپ باقىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ كۈتكىنىگە يەنە بىر قېتىملىق سۈكۈت، ھەتتا قورقۇنۇشلۇق جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈرىدۇ. ئوتتۇرلۇقتا تىرىق قىلغان ئاۋازمۇ چىقمايدۇ. ھەتتا بىرەرسى بولسىمۇ قىمىرلاپ قويمايدۇ. سەھنىدە تۇرغان ھىتلېرنىڭ رەڭگى-روھى شۇ ھامان تاتىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بېقىشلىرى خۇددى كۈچلۈك پروژېكتورىگە ئوخشاش پۈتۈن يىغىن زالىنى ئايلىنىپ چىقىپ ئاخىرىدا بىرىنچى قاتاردا ئولتۇرغان مانستېيىننىڭ ئۈستىگە كېلىپ توختايدۇ. “مارشال، − دەيدۇ قوپال بىر ئاۋازدا، − مەن سىزنىڭ بەرگەن جاۋابىڭىزدا يوشۇرۇنغان ساداقىتىڭىزدىن گۇمانلىنىشقا پۈتۈنلەي ھەقلىقمەن.” بۇ چاغدا زالدا بەرداشلىق بېرىش تەس ئۇزۇن بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. بىر مەنىدە، ھىتلېر قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىچىدىكى ئۆزىگە قارشى ھەرىكەت ئەھۋالى بىلەن بەكلا كۆپ ئوفىتسېرلاردىكى كۈچلۈك رەت قىلىش پازىتسىيىسىنى بەش قولدەك ئېنىق بىلىپ تۇرغاندەك ئىدى. ئۇ، بىر قىسىم ئەربابلارنىڭ فۈھرېر بەرگەن بەزى بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىشتىن باش تارتىپ يۈرگەنلىكى ھەققىدىمۇ تولۇق پاكىتلارغا ئىگە ئىدى. شۇنداق، سوۋېت ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان بەزى ئوفىتسېرلارنىڭ “ئازات گېرمانىيە” ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللىنىپ يۈرگەنلىكىمۇ بەش قولدەك ئېنىق ئوتتۇردا ئىدى!
ھىتلېر، بۇ تۈردىكى كىشىلەرنى ئەيىپلەش بىلەن بولۇپ كېتىپ دىققىتىمۇ چېچىلىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇ پىلانى بويىچە نۇتقىنى تاماملاشقىمۇ ئامالسىز قالىدۇ. ئۇ، تۇيۇقسىزلا يىغىن تۈگىدى، دەپ ئېلان قىلىپ ئۆزى باشلاپ ئالدىراش يىغىن زالىدىن چىقىپ كېتىدۇ. سەل ئۆتكەندىن كېيىن، مانستېيىن بۇيرۇق بويىچە دەرھال فۈھرېرنىڭ كىتاپخانىسىغا كىرىدۇ. كىتاپخانىسىدا ھىتلېر ئۇنىڭغا تىكىلگىنىچە قاراپ تۇرۇپ كېتىدۇ. “مارشال، − دەيدۇ ھىتلېر مانستېيىنغا تىكىلگىنىچە، − بۇندىن كېيىن سىزنىڭ سۆزۈمنى بۆلۈشىڭىزگە ھەرگىز يول قويالمايمەن. ئەگەر سىزمۇ قول ئاستىڭىزدىكىلەرگە سۆزلەۋاتقىنىڭىزدا بىرەرسى سۆزىڭىزنى بۆلسە قانداق قىلاتتىڭىز؟”
زىرىكىشلىك بۇ قىشتا، ھىتلېرنىڭ تۇرمۇشىدا ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان بىر خۇشاللىقىمۇ بار ئىدى: يېڭى كەلگەن ئاشپىزى ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ مەززىلىك تاماق ئېتىپ بەرمەكتە ئىدى. مارلېن ۋون ئېكسنېر بىر ۋيېننالىق بولۇش بىلەنلا قالماي، كىشىنى مەپتۇن قىلارلىق دەرىجىدە چىرايلىق ياش بىرسى ئىدى. شۇڭا ھىتلېر بۇ خانىمنىڭ يېنىدا بولۇشقا بەكلا ئامىراق ئىدى. ئۇ ھەر دائىم ئۇ ئاشپىزى بىلەن ئاۋۇسترىيە ھەققىدە، ئائىلە ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ كېتەتتى. مىللەتچى سوتسىئالىزم پارتىيىسى قانۇنسىز پائالىيەت قىلىۋاتقان دەۋرلەردە، ئۇنىڭ ئائىلىسى مىللىي سوتسىئالىزمنى ھىمايە قىلىپ چىققان بىر ئائىلە ئىدى. ئەمما ئۇ ھىتلېرنىڭ بەكلا ئاز تاماق تۈرى بىلەن غىزالىنىش ئادىتىدىن رازى ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ يالغۇز قالغىنىدا تراۋدل جيۇڭغا دەرت تۆكۈپ، گۆشسىز ئۇماچ ئىچىپ، سەۋزە-قۇمچامغۇر ھەمدە چالا پىشۈرۈلگەن تۇخۇم يەپلا كۈن ئۆتكۈزۈش نېمە دېگەن زىرىكىشلىك! شۇڭا مەن تامىقىم يارىماي قالسا ئىشتىن قوغلىنىشىمدىن بەكلا ئەنسىرەيمەن، دەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاشپەز قىزمۇ ياش بىر SS ئاديۇتانتىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلىشىغا يەتكىدەك باشقا سەۋەبلىرىمۇ بار ئىدى. ئۆستۈرۈلۈشى ۋون ئېكسنېر خانىم قىز تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بورمان، ئاشپەز قىزنىڭ ئاپا تەرەپ جەمەتىدە يەھۇدىي قېنى ئارلىشىپ قالغانلىقىنى بىلىپ قالغاچقا، بۇنى باھانە قىلىپ ئېكسنېر خانىمدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پېيىغا چۈشىۋالغان ئىدى، بۇ ئىشنى يۇشۇرۇپ ئۆتكىزىۋېتىش خىيالىدا يۈرگەن ھىتلېرمۇ ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ ئامالسىز بۇ قىزنى ئىشتىن چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ قىزغا يەنىلا يېرىم يىللىق ئارتۇق ئىش ھەققى بېرىدۇ ھەمدە ئېكسنېرلار ئائىلىسىگە شەرەپلىك ئارىيان دەپ نام بېرىدۇ.
رۇسلارنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن “بۆرە ئىنى” نى كۈچلەندۈرۈپ رېمونت قىلىش كېرەك بولغاچقا، ھىتلېرمۇ ئامالسىز 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يوقۇرى سالزبۇرگقا قايتىپ كەتكەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ بېرگخوفتىكى كۈنلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ئۇنچە بەك كۆڭۈللۈك ھېسابلانمايتتى. “مەجبۇرى خۇشال كۆرۈنۈش، قىزىقارلىق سۆھبەتلەر شۇنىڭدەك ھەر تۈرلۈك مېھمانلارنىڭ زىيارەت قىلىشلىرىمۇ زىرىكىشىمىزنى يۇشۇرۇپ كېتەلمىگەن ئىدى” دەيدۇ تراۋدل جيۇڭ كېيىنچە شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ. ئېۋامۇ سۆيگۈنىنى كۆرمىگىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالغان ئىدى؛ ئەمما ھىتلېرنىڭ بۈگۈنكى چىرايى ئېۋانى قاتتىق چۈچىتىۋېتىدۇ.780 “ئۇ شۇنداق غەمكىن ۋە قېرىلىق يەتكەن بىر ھالدا كۆرۈنەتتىكى، − دەيدۇ ئېۋا جيۇڭ خانىم قىزغا، − ئېيتقىنا، ئۇنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان نېمە ئىشتۇ؟”
بۇ سۇئالغا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالغان كاتىپ قىز بەكلا تەمتىرەپ قالىدۇ. “فۈھرېرنى سىز مەندىن ياخشى بىلىسىز. فۈھرېرنىڭ ئېغىزىدىن چىقارمىغان گەپلىرىنىمۇ سىز پەرەز قىلالايسىزغۇ.” كاتىپ ئۇنىڭغا، ھەربىي ئىشلار ۋەزىيىتى ئۇنىڭ بېشىنى يىتەرلىك دەرىجىدە ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن دەيدۇ. شۇ كۈنى ئاخشىمى، چاي ئىچىپ ئولتۇرغىنىدا ئېۋا سۆيگۈنىنى قېرىپ كېتىۋاتىسەن، بېلىڭنىمۇ روسلىيالماي قاپسەن دەپ چېقىشىدۇ. ھىتلېرمۇ بۇ گەپلەرنى چاخچاققا ئايلاندۇرۇپ، “بۇنىڭ بىر سەۋەبى يېنىمغا سېلىپ يۈرگەن ئاچقۇچلىرىمنىڭ بەكلا كۆپىيىپ كېتىشىدىن. يەنە بىر سەۋەپ بولسا، مېنىڭ ئۈستۈمدە يەنە بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىق ئىشلارمۇ يۈكلەنگەن. − ئۇ قۇۋلۇق بىلەن ھىجىيىپ گېپىنى داۋام قىلىدۇ، − مانا ئەندى، ئىككىمىز تېخىمۇ چىقىشىپ ئۆتىدىغان بولدۇق. سىز دائىم ئىگىز پاشىنىلىق ئاياق كىيىۋېلىپ ئۆزىڭىزنى ئىگىز كۆرسىتىشكە ئورۇنۇپ يۈرىسىز. شۇڭا مەنمۇ ماسلىشىپ ئۆزەمنى سەل پاكار كۆرسىتىۋېلىش ئۈچۈن ئازىراق ئىگىلىۋالسام نېمە يامىنى؟”
فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا، بېرگخوفقا كۈتۈلمىگەن بىر مېھمان كېلىدۇ. بۇ مېھمان، خاننا رېيتىش ئىسىملىك بىرسى بولۇپ، ئۇ بىر ئۇچقۇچى ھەمدە پلانىر ئۇچۇرغۇچى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىدىكى مەقسىدى، فۈھرېرغا بۇ ئۇرۇشتا قانداق قىلىپ غالىپ چىقىشقا بولىدىغانلىقىنىڭ ئامالىنى ئېيتىش ئىدى. بۇ خانىم، يېڭى تىپتىكى 1\V راكېتامىز نىشانغا قاراپ ئۇچۇشنى پەقەتلا قاملاشتۇرالمايۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق راكىتانى چوقۇم بىر ئۇچقۇچى باشقۇرۇپ ئۇچۇرىشى زۆرۈر، بۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىرىنچى بولۇپ بۇ راكىتانى ئۇچۇرۇپ مېڭىشقا تەييارمەن، دەيدۇ ھاياجانلانغان ھالدا. ئەمما ھىتلېر ئۇنىڭ بۇ دېگىنىنى شۇ يەردىلا رەت قىلىدۇ. بۇنداق ئۆزىنى قۇربان قىلىش چارىسىنى گېرمانىيە خەلقىگە قوبۇل قىلدۇرۇشنىڭ تېخى ۋاقتى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ، گەپنى باشقا تېمىغا يۆتكەيدۇ: ئەمما رىئاكتىپ ئايروپلاننى، يەنى ئۇنىڭ يوشۇرۇن قۇرالى بولغان رىئاكتىپ ئايروپلان لايىھىسىنى تېخىمۇ مۇۋاپىق قۇرال. خاننا، رىئاكتىپ ئۇچۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ تېخىچە تەتقىقات باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى بار بولغاچقا، ھىتلېرنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، “فۈھرېرىم، سىز ئېيتقان رىئاكتىپ ئايروپلان ئىشى ھازىرچە تېخى ئۈندۈرمە باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بىر ئىش، بۇ ھەقتە سىزنىڭ ئالغان ئۇچۇرلىرىڭىز يېتەرلىك ئەمەسكەن” دەپ، ليوتچىكلارنىڭ راكىتا بىلەن بىرگە ئۇچۇپ قۇربان بولۇش ھېساۋىغا نىشانغا تەككۈزۈش ئىشىنى قايتا تىلغا ئالىدۇ. قىزىق، ھىتلېر قاتتىق ئاچچىغلانغان ھالدا، ئۇنداقتا بۇ ئىشنى دېگىنىڭىزدەك ليۇتچىك ئىشلىتىپ سىناق قىلىڭلار بولمىسا، ئەمما بىر شەرتىم بار، تەتقىقات جەريانىدا بۇ ئىش سەۋەبىدىن مېنى ھېچكىم ئاۋارە قىلماسلىقى كېرەك دەيدۇ.
يوقۇرى سالتزبۇرگتا لەپىلدەپ قار يېغىپ ھېچ توختايدىغاندەك قىلمايتتى. شۇڭا فۈھرېر سىرتقىمۇ چىقالماي قامىلىپ قالىدۇ. ئەمما بۇ ئەھۋال فۈھرېرنىڭ مىجەزىنى ئوڭشىغاندەكمۇ قىلاتتى. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ ۋيېننادا سىزغان رەسىملىرىدىن گەپ ئېچىپ، سىزغانلىرىنىڭ شۇنچە قىممەت پۇلغا سېتىلىۋاتقانلىقىنى شاڭخو قىلىپ كۈلۈپ كېتىدۇ. “ئەمما ئۇ رەسىملەرنى مەن ئۇ ۋاقىتلاردا بوش ۋاقىتلىرىمدا سىزغانمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن 200 مارك باھا بەرگەنلىكى ھەقىقەتەنمۇ تەلۋىلىك، ئەسلىدە مەن رەسمىي رەسسام بولۇشنى راستىنلا خالىمايتتىم. مەن پەقەت تۇرمۇش ۋە ئوقۇشۇمنى قامداش ئۈچۈنلا رەسىم سىزىپ يۈرگەن ئادەتتىكى بىر قىزىققۇچىلا ئىدىم” دەيدۇ ئۆزىنى ئېتراپ قىلىپ. ئۇ رەسىملىرىنى ئاللىمۇقاچان قولدىن چىقىرىپ بولغان بولۇپ، پەقەت بىنا لايىھىسى ھەققىدىكى بەزى نۇسخىلىرىنىلا ساقلاپ قويغان ئىدى. “بۇلار مېنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىم، ئۇلار مېنىڭ ئەقلى كۈچۈمنىڭ بايلىقى، شۇڭا مەن ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىشقا چىدىمىدىم. مېنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى نۇرغۇنلىغان خىياللىرىم، قۇرۇلۇش لايىھە پىلانلىرىمنىڭ ھەممىسنىلا ئەنە شۇ ۋاقىتتىكى كېچە-كۈندۈز ئىشلىگەن ئەمگىكىمنىڭ نەتىجىسى ئىدى. بۇ نوقتىنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭلار.”
بېرگخوفتىكى تۇرمۇش ئۇنىڭ قايتىدىن روھلىنىپ قىلىشىغا يارىغاندەك قىلاتتى. مارت ئېيىدا، گيۆبېلس بېرگخوفقا كېلىپ ئامېرىكا ئايروپلانلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كۈندۈزى ئۇچۇپ گېرمانىيىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدىكى ئەنسىرىشىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. فۈھرېرمۇ ئۇنى كەلگۈسى ئۈمىدلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەمما ئەتىسى، روھى جەھەتتە جىددىلىشىپ كەتكىنى يەنىلا ئۇنىڭ ئۆزى بولىدۇ. 17-مارت كۈنى يېقىن قوشنا يەر “كلېسشېيم قەلئەسى” دە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق يىغىندا، ھىتلېر، ۋېنگرىيە پادىشاھى ئادمىرال خورتىيدىن قاتتىق رەنجىپ، ۋېنگرىيەنىڭمۇ خۇددى ئىيالىيەلىكلەردەك خائىنلىق قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلەپ كېتىدۇ. تاشقىرىدا كۈتۈپ تۇرغان شمىدت،781 ياشانغان خورتىينىڭ يۈز-كۆزىنىڭ قىپقىزىل قىزارغىنىچە ئالدىراش چىقىپ كېلىشىنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كېتىدۇ. كۈتمىگەندە، ئۇنىڭ كەينىدىن ھىتلېرمۇ چىقىپ كېلىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن ئاچچىغلانغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئوڭايسىزلانغان ھالدا، كەينىڭگە قايت! دەپ خورتىيغا ۋاقىرايدۇ.
قاتتىق زەربە يېگەن خورتىي دەرھال مەخسۇس پويىزىنى چاقىرتىدۇ. پويىز ئورنىدىن تېخى قوزغالماي تۇرۇپ رىبېنتروپ يالغاندىن بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى سېگنالى چالغۇزىدۇ. بۇ قېتىمقى يالغان ھاۋا ھۇجۇمى شۇنداق ئوخشىتىلغان ئىدىكى، ھەتتا شەھەر قورغىنى ئاسمىنىغا ئىس-تۈتەك بومبىلىرىنى ئېتىپ قاپلىۋەتكەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ پادىشاھ ئەسىرگە ئېلىنىغان ھېسابلاندى. پادىشانىڭ ئاچچىقى پەسىيىپ تىنچلانغىنىدىن كېيىن، رىبېنتروپ ئۇنىڭغا ئەندى ماڭسىڭىز بولىدۇ، دەپ ئۇقتۇرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قايتىشتىن ئاۋال بىر پارچە بىرلەشمە ئاخباراتنى ئوقۇپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئاخباراتتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ماقۇللىقى بىلەن گېرمانىيە قوشۇنلىرى ۋېنگىرىيەگە بېسىپ كىرسە بولىدۇ دېيىلگەن بولۇپ، ئەسلىدە بۇ ھەقتىكى تەييارلىقلار پۈتۈپ بولغان ئىدى. بۇ ئادمىرال نارازىلىق بىلدۈرگەن ھالدا، “سەن بۇ يەرگە مېنىڭ ھىتلېردىن سلوۋاكىيە بىلەن رومىنىيە قوشۇنلىرىنىڭ ۋېنگرىيەنى ئىشغال قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ يالۋۇرغانلىقىمنىمۇ قوشۇپ قوي! ئەسلىدە بۇ گەپلەر ئۇنىڭ باشقىچە بىر ئۇسلۇپتا قىلغان تەھدىتى!” دەيدۇ. شۇڭا بۇ گەپلەر چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. خورتىي بۇداپېستقا يېتىپ بارغىنىدا كۆردىكى، ئۇنىڭ دۆلىتى ئاللىمۇقاچان گېرمانىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان. ئىشغالىيەتچى ئەسكەر سانىمۇ 11 دىۋىزىيىگە يەتكەن!
بۇ ھەرىكەت، ھىتلېرنىڭ كۆڭلىنى ئازىراق بولسىمۇ ئارام تاپتۇرىدۇ. ئەمما بۇ ھەرىكەت ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ۋە سىياسىي جەھەتتە بەكلا چوڭ خاتالىق ھېسابلىناتتى. چۇنكى ئۇ، بۇ ھەرىكەت ئۈچۈن شەرق ۋە غەرىپ ئۇرۇش سەپلىرىدىن قوشۇن يۆتكەشكە مەجبۇر قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر تۈرلۈك مەلۇماتلار غەرپ تەرەپتىن پات يېقىندا ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىمالىدىن خەۋەر بەرمەكتە ئىدى؛ شەرق سېپىدە بولسا، ئىستىخبارات مۇتەخەسسىسى گېخلېننىڭ بەرگەن دوكلاتىدىن قارىغاندا دۈشمەن كۈچلىرى ئۇكرائىنادا كەڭ كۆلەملىك قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتمەكچى بولىۋاتقانلىقى، بۇ قايتارما ھۇجۇم يەنە كېلىپ “ياۋروپادىكى باشقا ئۇرۇش سەپلىرىدىمۇ سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە كۈچلۈك ئەكىس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى” مۇقەررەر ئىدى. گېخلېن، قايتىدىن تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى قورقماي ستىراتىگىيىلىك چېكىنىشنى باشلىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەمما فۈھرېر بۇنداق بىر تەكلىپنى كەسكىن رەت قىلىپ، “ئىشغال قىلىنغان رايونلاردا بىر غېرىچمۇ يەرنى بەرمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش” دەيدىغان تاكتىكىسىدا چىڭ تۇرماقتا ئىدى.
ئۇنىڭ بۇنداق بىر قارارغا كېلىشى بەلكىم كۈنسايىن ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان سالامەتلىكىنىڭ تەسىرىدىن بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئېۋا بىلەن باشقا يېقىنلىرى ھىتلېر بەك ئۇزۇن ئۆرە تۇرۇپ قالغىدەك بولسىلا ئىككى تىزىنىڭ تىترەپ كېتىدىغانلىقىنى، سول قولىمۇ توختىماي تىترەپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەتتا قولىغا ئالغان چىنىسىنىڭ تەخسىسىمۇ تىترەشتىن جىرىڭشىپ تۇرىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. ماي ئېيىنىڭ باشلىرىدا، ئۇنىڭ ئاشقازان سپازمىلىشىش كېسىلى قايتا قوزغىلىپ، ئاغرىق ئۇنى چىدىغۇسىز ئازاپلىماقتا ئىدى. دوختۇر مورېل ئۇنىڭغا يەڭگىل ئۇۋىلىتىش ھەمدە ئۇزۇنغا يۈرۈش قىلىش تەكلىۋىنى بەرگەن بولسىمۇ زادىلا قۇلاق سالمايدۇ، پەقەت كاردىزول دورىسى ئىچىش ھەمدە باشقا ئىككى تۈرلۈك ھارغىنلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى (گلۇكاد بىلەن تېستوۋىرون) نى ئوكۇل قىلىشقىلا رازى بولىدۇ. مورېل ئۇنىڭغا بالدۇر ئۇخلاش ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ بۇ تەكلىپنىمۇ قىلالمايمەن دەپ رەت قىلىدۇ. ئۇ، بومباردىمان قىلىشقا كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى ئەنگلىيە ئايروپلانى ئىمپىرىيە ئاسمىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇخلىيالايتتى.
شۇ يىلى ئەتىيازدا، دۈشمەن بومباردىمانچى ئايروپلانلىرى باۋارىيىنى شىددەت بىلەن بومباردىمانغا تۇتىدۇ. قورقۇنۇشلۇق ئاگاھلاندۇرۇش گۈدۈك ئاۋازى ھەركۈنى دېگىدەكلا چىقىراپ تۇراتتى؛ شۇڭا ھىتلېر ئامالسىز 65 باسماقلىق پەلەمپەيدىن چۈشۈپ بېرگخوف يەرئاستى ئاكوپىغا كىرىپ ھاۋا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىشقا مەجبۇر ئىدى. شۇنداقتىمۇ يوقۇرى سالتزبېرگ بىرەر قېتىممۇ بومباردىمان قىلىنمايدۇ. بۇ بومباردىمانچى ئايروپلانلار ئايلىنىپ ئۇچۇپ ۋيېننا، ۋېنگرىيە ياكى باشقا زىچ ئاھالىلىق شەھەر رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىپ قايتىشاتتى. ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى مىيونخېن ئاسمىنىدىن كۆتۈرۈلگەن قېپقىزىل ئوت يالقۇنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئېۋا ئۇنىڭغا ماشىنىلىق مىيونخېنغا بېرىپ ۋاسسېربۇرگېر كوچىسىدىكى ئۆيىنىڭ ساق تۇرغان-تۇرمىغانلىقىنى كۆرۈپ كېلەي دەپ شۇنچە يالۋۇرغان بولسىمۇ دەسلىۋىدە فۈھرېر ئۇنىماي تۇرىۋالىدۇ، قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغاچقا ئاخىرى ئامالسىز ماقۇل بولىدۇ. ھىتلېر، ئېۋا قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن قاتتىق پاراكەندە قىياپىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىساس ئېلىپ بېرىدىغانغا ۋەدە بېرىدۇ: “قاراپ تۇر، ئەنگلىيە ئومۇمىي يۈزلۈك پاراكەندىچىلىك ئىچىدە قالىدۇ! − دەيدۇ قەسەم قىلىپ، ئاندىن ئۇ ئېۋاغا راكىتا ھەققىدىكى گەپلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ، − بۇ تۈر قۇرالنىڭ پەيدا قىلىدىغان ۋەيرانچىلىقىقا ھېچقانداق ئادەمنىڭ نېرۋىلىرى بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بىزنىڭ ئاياللىرىمىزنى، بالىلىرىمىزنى ئۆلتۈرىۋاتقان، نېمىس مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشقا كىرىشكەن ياۋايىلاردىن چوقۇم بىرمۇ-بىر قىساس ئالىمىز!” دەيتتى.782
ھاۋا ھۇجۇمى ئاگاھلاندۇرۇش گۈدۈگى بەكلا كۆپ چېلىنىپ تۇرغاچقا، بېرگخوفتىكى بەزى مېھمانلار بۇنداق سېگنال چېلىنىشلارغا كۆنۈپمۇ قالغان ئىدى. بىر كۈنى سەھەردە، تراۋدل شۇنداق تېز كارىۋېتىدىن چۈشۈپ ھاۋا مۇداپىيە گەمىسىگە كىرىۋالىدۇ. ئەمما گەمىدە ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى. شۇڭا ئۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن گەمىدىن سىرتقا چىقىدۇ. ئۇ سىرتقا چىقىپ قارىۋىدى، ئىشىك تۈۋىدە ھىتلېرنىڭ خۇددى قۇيرۇقىنى دڭ تۇتۇپ تۇرغان دەرۋازا ساقلايدىغان بۆرە ئىتتەك تىكىلگىنىچە كۆككە قاراپ ئەنسىز بىر شەكىلدە تۇرغىنىنى كۆرىدۇ. ھىتلېر قىزنى نوقۇپ “ئېھتىيات قىلىڭ قىزچاق، دەرھال ئاكوپقا كىرىپ كېتىڭ، ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى تېخى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىدى” دەپ جىكىلەيدۇ. تراۋدل ئۇنىڭغا مېھمانلارنىڭ ھېچقايسى ئۇيقىدىن ئويغانماي ياتاقلىرىدا ياتقانلىقىدىن گەپ ئاچماي، پەلەمپەيدىن گەمىگە قاراپ ئالدىراپ چۈشۈپ كېتىدۇ. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، ھىتلېر ھاۋا مۇداپىيە ئاكوپىغا چۈشمىگەن ئاخماقلىقلارغا قارىتىپ سۆزلەپ كېتىدۇ: “مېنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر ئارىسىدا بەزىلەرنىڭ ئورنىنى ھېچ كىم تولدۇرالمايدۇ. شۇڭا مۇداپىيە ئاكوپىغا كىرىپ يوشۇرۇنۇش سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار. بومباردىماندىن ساقلانغىلى بولمايدىغان خەتەرلىك يەردە تۇرىۋېلىپ ئۆزىنى باتۇر قىلىپ كۆرسىتىۋېلىشقا ئۇرۇنىدىغان ئاخماقلىقنىڭ كېرىكى يوق” دەپ تەنقىتلەيدۇ.
ئەمما ئۇنىڭ ئۆزى خەتەرلىك يەردە قىمىرمۇ قىلماي تۇرىۋالىدۇ، شۇنىڭدەك بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللىنىشنى، ئارام ئېلىشنى ياكى بەدىنىنى ئۇۋىلىتىشنى رەت قىلىپ يالغۇز دورا بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزمەكتە ئىدى. ئۇ بەزى دورىلارنى ئىچىپ يەنە بەزى ئوكۇللارنى قويدۇرغاندىن باشقا، يەنە يۈرەك-جىگەر دورىلىرىنى، شۇنىڭدەك كۈندىلىك 4 تابلىتكا مۇرەككەپ ۋىتامىنلىق دورىلارنىمۇ ئىچىپ تۇراتتى. ئۇنىڭچە، سالامەتلىكىنى ئاسىراشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغاندەك، ئۆز ئىنسانلىق غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ئۈمىدسىزلىنىش مىجەزىدىن قۇتۇلۇپ قايتا ئۆز غايىلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا كىرىشمەكتە ئىدى. ھىتلېر بىر كۈنىسى يېقىن ئادىمىدىن بىرسىگە پۈتكۈل ۋەزىيەت چوقۇم ئوڭشىلىدۇ، ئانگلو-ساكسونلار ئاخىرىدا ئۆز مەنپەئەتلىرىنىڭ بولشېۋىكچىلىققا قارشى ئەھلى سەلىپ يۈرۈشى بىلەن زىچ باغلىنىپ قالىدىغانلىقىنى چوقۇم تونۇپ يېتىدۇ، بۇ بىر مۇقەررەرلىك! دەپ قارايتتى.
ئەمما ئىتتىپاقداش ئارمىيە بولسا، پۈتۈن كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ستىراتىگىيىلىك بومباردىمان ئارقىلىق ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىغا جاۋاب بەرمەكتە ئىدى. ماي ئېيى باشلىرىدا ئامېرىكا ئايروپلانلىرى ئوتتۇرا ۋە شەرق تەرەپتىكى ماي زاۋۇتلىرىنى كۈندۈزى بومباردىمان قىلىشنى باشلىشى نەتىجىسىدە، ھىتلېرنىڭ پۈتكۈل ھەربىي تەييارلىق پىلانلىرىنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئىدى. كۈندىلىك بېنزىن ئىشلەپچىقىرىشى 5850 توننىدىن بىراقلا 4820 توننىغا چۈشۈپ قالىدۇ. “دۈشمەن بىزنىڭ ئەڭ ئاجىز نوقتىمىزنى تۇتىۋېلىپ شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى، − دەيدۇ ئالبېرت سپېر ھىتلېرغا سۇنغان دوكلاتىدا، − ئەگەر ئۇلار مۇشۇ خىل ھۇجۇم قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرىدىغانلا بولىدىكەن، ئۇزۇنغا قالمايلا پۈتۈنلەي بېنزىنسىز قالىمىز. شۇنداق ئىكەن، بىزنىڭ بىردىن بىر ئۈمىدىمىز، دۈشمەن ھاۋا ئارمىيىسى باش قۇماندانلىق شىتابىنىڭمۇ خۇددى بىزدە بولغاندەك ساراسىمە ئىچىگە چۈشۈپ قېلىشىنى تىلەش!”
كېيتېل، يېقىلغۇ زاپىسىمىز يەنىلا ئارتۇق مىقتاردا مەۋجۇت دەپ دەرھال نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. ئەمما ھىتلېر ئۇنىڭغا قارىغاندا بەكىرەك ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولغاچقا، ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ يىغىن چاقىرىپ يېقىلغۇ مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىدۇ. 4 نەپەر سانائەتچى، دۈشمەن ھاۋا ھۇجۇمى بۇنداق داۋام قىلسا، بۇ ۋەزىيەتتىن ئۈمىد يوق دەپ ئورتاق پىكىرىنى بىلدۈرۈشىدۇ (ئالدىنقى يىلى كۈزدە چاقىرىلغان مۇشۇ تۈردىكى بىر يىغىندا، سانائەتچى پاۋۇل پلېيگېرمۇ دۆلىتىمىز تەۋەسىدە پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن يېتەرلىك كۆمۈر ۋە كوكۇس قالمىدى دەپ بىلدۈرگەن ئىدى. “مېنى ھەممىدىن بەكىرەك ھەيران قالدۇرغىنى، − دەيدۇ بىر شاھىت كېيىن ئەسلەپ كېلىپ، − سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، ھىتلېر مەنىسىز بىر شەكىلدە، ئەگەر تېخىمۇ كۆپ كۆمۈر بىلەن پولات ئىشلەپ چىقىرالمىساق، بۇ ئۇرۇشتا مەغلوپ بولدۇق دېگەن گەپ، دېگەن ئىدى.” − ئا. ھ. ئى). دەسلەپتە، ھىتلېر ئادەتتە تولا ئىشلىتىپ كەلگەن ئادىتى بويىچە ھەر قانچە قىيىن بوھرانغا دۈچ كەلگەن بولساقمۇ ئۇنىڭدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېلەلىدۇق دەيدۇ. بۇ گەپكە كېيتېل بىلەن گيۆرىڭ ئىككىسىلا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما، بۇ سانائەتچىلەر سانلىق مەلۇماتلار بىلەن نەق ھۈججەتلەرنى ئىسپات قىلىپ ئۆز خۇلاسىلىرىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەپ كۆرسەتكىنىدىن كېيىن ھىتلېرمۇ يۇمشاپ دەرھال گېپىدىن يېنىۋالىدۇ.783 بۇ چاغدا سپېر، فۈھرېرىمىز شۇ ھامان “ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلىي پاكىتنى ئاڭلىغاندەك” بولدى دەپ ئويلاپ، فۈھرېرنىڭ، دېمەك گېرمانىيە ئىگىلىكى ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا كىرىپ قالدى دېگەن پاكىتنى تونۇتۇشقا ئۇرۇنىشتى دەيدۇ.
2
ئۇرۇشنىڭ دەسلىۋىدە نېمىسلار كۆڭۈلىدە ئويلىغىنىدەك ھەرىكەتچان ئۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن بولسا، مانا ئەندى ۋەزىيەت ئۇلار ئۈچۈن تەتۈرسىگە قاراپ ئۆزگەرمەكتە ئىدى. بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇزۇن مەزگىللىك تىركىشىش ئۇرۇشى گېرمانىيىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىسىنى ئۇرۇشنى چوقۇم يېڭىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولسا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا نۆۋەتتىكى ھەربى ۋەزىيىتى ئالدىدا يەنىلا شۇ كونا ئۇسۇلدا تەشۋىقات قىلىش ئاقماس بولۇپ قالغان ئىدى. يەنى بۇ قېتىم گېرمانىيە قوشۇنلىرىدا يەنە شۇ ۋاقىتتىكىدەك بىر قېتىملىق يازلىق ھۇجۇم قوزغاش پۇرسىتى قالمىغان ئىدى. ئۆتكەن يىلقى كۇرسك ئۇرۇشىنىڭ مەغلوبىيىتى بۇنداق ئۈمىدلەرنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىۋەتكەن ئىدى: ئەندىكى مەسىلە، سەلدەك بېسىپ كېلىۋاتقان قىزىل ئارمىيە ئالدىدا نېمىس ئارمىيىسى يەنە قانچىلىك ۋاقىت بەرداشلىق بېرەلىشىدە قالغان ئىدى. گەرچە ئۆتكەن 3 يىل ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئادەم چىقىمى بەكلا ئېغىر بولغان بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا 300 دىۋىزىيىلىك 5 مىليوندىن ئارتۇق ئەسكىرىي كۈچىنى ئۇرۇشقا سالالىغان، بۇنىڭغا قارشى گېرمانىيە ئارمىيىسى يىتەرلىك سەپلەنمىگەن ئارانلا 200 دىۋىزىيە كۈچ بىلەن ئوتتۇرغا چىقالايدۇ. بۇ قوشۇنلاردا ئارانلا 2 مىليوندەك ئەسكىرى بار ئىدى. گېرمانىيىنى ھەممىدىن بەك ھەيران قالدۇرغىنى، قىزىل ئارمىيە زاپاس كۈچىنىڭ يىتەرلىك بولىشى مەسىلىسى ئەمەس بەلكى ئۇلاردىكى بۇنچە كۈچلۈك جەڭگىۋارلىق روھىنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقى ئىدى. ئۇلار بۇنىڭ تېگىگە زادىلا يېتەلمەيدۇ. ستالىنگراد مۇھاسىرىسى دەۋرىدە ھىتلېر يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ، مارشال پاۋلۇس بۇ شەھەرنى شۇنچە ھۇجۇم بىلەن ئالالمىغانلىقىدىكى تۈپكى سەۋەپ رۇسلار ئۇرۇش قىلغاندا خۇددى “سازلىقتىن چىقىپ كەلگەن يىرتقۇچ ئەرۋاھلاردەك” ئۇرۇشقانلىقىنى، ئۇلارنى نېمە دەپ ئاتىساڭ ئاتا، بۇ شەرقلىق “ياۋايىلار” كۆرسەتكەن روھ ۋە قەھرىمانلىق، تيوتون مىللىتى زادىلا قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان بىر روھ ئىدى دەپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان ئىدى. ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردىكى ھىتلېرنىڭ شەرق سىياسىتىنىڭ نېمىگە تايىنىدىغانلىقى ئۈستىدە گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. 1944-يىلىغا كەلگەندە بولسا، ھىتلېردا ھەتتا بىرەر غالىبىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش خامخىيالىمۇ قالمىغان ئىدى. ئەسلىدە، ئۇنىڭ كۆڭۈل بولىۋاتقىنى رۇسىيە كۈچلىرى ئۈستىگە ئەمەس بەلكى باستۇرۇپ كېلىۋاتقان غەرىپ كۈچلىرى ئۈستىگىلا مەركەزلىشىپ قالغان ئىدى. “غەرپ ۋەزىيىتى بۇ يىلقى ئۇرۇشنىڭ غالىبىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولۇش-بولماسلىقىنىلا بەلگىلەپ قالماي، پۈتكۈل ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى بەلگىلەيدىغان بىر ئۇرۇش بولىدۇ” دەپ قارايدۇ. ئىيۇننىڭ باشلىرىدا، ئۇ ھەربى مەسلىھەتچىلىرىگە “ئەگەر غەربىي سەپتىكى بېسىپ كىرىش دولقۇنىنى دەسلەپتىلا چېكىندۈرەلىگىنىمىزدە بۇنىڭدەك بىر ئۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتا تەشكىللىنىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ دېمەك، زاپاس كۈچلىرىمىزنى ئىتالىيە بىلەن شەرقى سەپكە ئورۇنلاشتۇرىشىمىز كېرەك دېگەن گەپ” دەيدۇ. ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقىنىدا پىكىرى چېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، ھە دەپ دېرىزىدىن پېرىشان بولغان ھالدا سىرتقا تىكىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، “شۇنداق قىلساقلا شەرقى ئۇرۇش سېپىدا ھېچ بولمىغاندا تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىدۇ، ئەگەر غەرپنىڭ بېسىپ كىرىشىنى توسىيالمىغىنىمىزدا ئاخىرقى ھېساپتا بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدۇق دېگەن گەپ. غەرپ سېپىدا يوقۇتۇش ئۇرۇشى قىلىشىمىزغا توسالغۇ بولىدىغان بىردىن بىر سەۋەپ، كەينىگە چېكىنىدىغانلا بولىدىكەنمىز فرانسىيىدىكى ئۇرۇش سېپىمىزنى يىغىشتۇرىۋالغىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە كېڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى مۇقەررەر. ستراتىگىيىلىك زاپاس كۈچىمىزنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن بۇ ئۇرۇش سەپلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك ئارقا سەپ ياردىمى سەپلەش ئىمكانىمىز يوق” دەيدۇ. شۇڭا ئۇ مۇنداق خۇلاسىغا كېلىدۇ: “دۈشمەن قىسىملىرى ھۇجۇمغا ئۆتە-ئۆتمەي ئۇلارنى كىرگەن يېرىدە مەغلوپ قىلىشىمىز شەرت.” ئەمما ئۇ گېنېرال خاۋسىنگېرگە ئايرىم دېگەن گەپلىرىنى بۇ يەردە ھەرگىز تىلغا ئالمايدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭغا “ئەگەر غەرىپ كۈچلىرى ئوڭۇشلۇق تۈردە بېسىپ كىرەلىگىدەكلا بولىدىكەن، بۇ ئۇرۇشنى قەتئىي تۈردە سىياسىي يول ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇش يولىنى ئىشقا سېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز” دېگەن ئىدى.
ھىتلېر، غەرپ كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى تارمار قىلىش ۋەزىپىسىنى روممېلغا تاپشۇرىدۇ. روممېل، شىمالى ئافرىقىنىڭ قولدىن كېتىشى (ئۇ يەردىكى مەغلوبىيەتنى ھەرگىزمۇ روممېلنىڭ ئۈستىگە ئارتىشقا بولمايتتى) سەۋەبىدىن بىر قېتىملىق قاتتىق زەربە يېگەن ئىدى. روممېلنىڭ قارىشىچە، غەرب كۈچلىرىنىڭ بېسىپ كىرىشنى توساشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يېرى دېڭىز ساھىلى بولىشى كېرەك، چۇنكى ئۇ يەرلەر دۈشمەننىڭ ئەڭ ئاجىز نوقتىلىرى ھېسابلىنىدۇ دەپ قارايتتى.784 “بېسىپ كىرىدىغان قىسىملارنىڭ قۇرۇغلۇقتا پۇت تىرەپ تۇرالىشى ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ھەتتا دېڭىزدا كىمىلىرى پاراخوت ئىچىدىلا بىرگە چۆكۈپ يوقىلىشىمۇ مۇمكىن. − دەيدۇ روممېل گېپىنى تۈزىتىپ، − ئۇلار دېڭىز بويى يەر شارائىتىنى ياخشى بىلمەيدۇ، ھەمدە ئۇرۇشقا سالىدىغان ئېغىر قۇراللىرىنى يېتەرلىك ساندا ئېلىپ كېلەلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. مانا بۇ، ئۇلارنى تارمار قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پەيتى.” ئەمما ئۇنىڭ ياشانغان باشلىقى، غەرپ سېپىنىڭ باش قۇماندانى گېنېرال گېرد ۋون رۇندستېدت پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئەكسىچە قاراشتا بولۇپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ دېڭىز ياقىسىدىن يىراق ئارقا سەپتە بولىشى كېرەك دەپ قارايتتى. شۇڭا ئۇ، باستۇرۇپ كىرىدىغان دۈشمەنلەرنى قورشاۋغا ئېلىپ يوقۇتۇش ئۈچۈن بارلىق بروۋنىك ۋە تاكتىكىلىق زاپاس قىسىم كۈچلىرىنى قەتئىي تۈردە فرانسىيىنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا جايلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلاتتى. ھىتلېر بۇ ئىككى تۈرلۈك قاراش ئوتتۇرسىدا يول تۇتۇپ، ئىككىسىنىلا رازى قىلىش بويىچە ھەل قىلماقچى بولغىنىدا ھەر ئىككى قاراشتىكىلەر بۇنداق كېلىشتۈرۈش تەدبىردىن رازى بولمايدۇ. ئۇ، روممېلنىڭ بروۋنىك قىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى يۆتكەپ كېلىشنى بۇيرۇق قىلغان بولسىمۇ، كېلىدىغان يېرى رۇندستېدت تەلەپ قىلغىنىدەك دېڭىز بويىدىن يىراقتا ئەمەس بەلكى ساھىلغا بەكلا يېقىن بىر يەر ئىدى.
4-ئىيۇن ئەتىگىنى، روممېل پىكاپلىق گېرمانىيەگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ بۇ سەپىرى كۆرۈنۈشتە ئايالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈندەك قىلسىمۇ (ئايالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 6-ئىيون ئىدى) ئەسلىدە ھىتلېرنى يەنە ئىككى دىۋىزىيە بروۋنىك قىسىمى بىلەن بىر زەمبىرەكچىلەر بېرگادىسىنى نورماندىيەگە يۆتكەپ كېلىشكە قايىل قىلىشنى مەقكسەت قىلىپ بېرچتېسگادېنغا قاراپ ئاتلانغىنى ئىدى. “ماڭا ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىق بولىۋاتقىنى، − دەپ يازىدۇ روممېل كۈندىلىك خاتىرىسىگە، − فۈھرېرنى دېگىنىمگە قايىل قىلىش ئۈچۈن سۆزلىشىش.” شۇ باھانىدا قىسقا بىر ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلەيتتى. چۇنكى پارىژ ھاۋا ئارمىيە مېتېرىئولوگىيە ئىستانسىسى تېخى يېڭىلا بۇ كۈنلەردە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ دەپ ئالدىن مەلۇمات بەرگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ، بۇ ئىككى ھەپتە ئىچىدە بېسىپ كىرىش ھەرىكىتى بولماسلىقى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى.
ئەنگلىيە بوغۇزىنىڭ نېرقى تەرىپىدە بولسا، ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى باش قۇماندانى گېنېرال دۋايت ئېيزىنخوۋېرمۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي بېشى قېتىپلا كەتكەن ئىدى. “ئوۋېرلورد ھەرىكىتى” (زوراۋان ھەرىكىتى مەنىسىدىكى ئوۋېرلورد قۇرۇغلۇققا چىقىش ئوپىراتسىيىسى، نورماندىيە قۇرۇغلۇققا چىقىش ھەرىكىتىنىڭ مەخپى نامى، D-كۈنى − ئۇ.ت) دەپ نام بېرىلگەن بېسىپ كىرىش ھەرىكىتىنى ئەسلىدە ئەتىسى كۈنى باشلايمىز دەپ قارار قىلغان بولسىمۇ، ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن بۇ كاتتا تەۋەككۈلچىلىك ھەرىكىتىنى ئامالسىز بىر سوتكا كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئايزىن، شۇ كۈنى كۆپ قىسىم ۋاقتىنى چاتما ۋاگوندا − پورتسنوۋ يېقىنىدىكى بىر ئورمانلىق بويىغا تىكلەنگەن كونتېينېر پرىتسېپ ئۆيىدە ئۆتكۈزىدۇ. ۋاگون ئىچىدە ئۇ غەلىبە بىلەن مەغلوبىيەت ئېھتىماللىقلىرىنى قايتا-قايتا ھېساپلاپ كۆرىدۇ: مۇشۇنداق ناچار ھاۋا شارائىتىدا بۇ قېتىمقى قۇرۇغلۇققا چىقىش تەۋەككۈلچىلىك ھەرىكىتىنى باشلاتقان ياخشىمۇ ياكى بۇ ھەرىكەتنى ئىيۇلغا كېچىكتۈرگەن ياخشىمۇ؟ 200 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرگە بۇ قېتىمقى ھەرىكەت بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈپ بولغاچقا، ئەگەر ئىيۇلغىچە كۈتۈشكە توغرا كەلسە چوقۇم بۇ ھەرىكەت مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ يېيىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇ ئاخشىمى ھاۋا ئېچىلىشقا باشلىدى، ئەمما 6-چىسلا قايتا يامانلىشىدۇ دەيدىغان يېڭى ھاۋارايى مەلۇماتى يېتىپ كېلىدۇ. ئېيزىنخوۋېر ھەر قايسى قۇماندانلارنىڭ پىكىرىنى سورايدۇ. ھاۋا ئارمىيە مارشالى سىر ئارتۇر تېددېر، قۇيۇق بۇلۇت قاتلىمى پىلاننى ئورۇنداشقا دەخلى قىلىشى مۇمكىن دەيدۇ، ئەمما مونتوگرىي “مېنىڭچە ھەرىكەتنى باشلاۋېرەيلى” دەپ چىڭ تۇرىدۇ. ئېيزىنخوۋېر، “6-ئىيۇن كۈنى ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى نورماندىيە قىرغاقلىرىغا ھۇجۇم باشلىسۇن!” دېگەن ئۆزىنىڭ كەسكىن قارارىنى ئاخىرى ئۇقتۇرىدۇ.
6-ئىيۇن كۈنى ئەنگىلىيە گرىنىۋىچ ۋاقتىدىن 2 سائەت بۇرۇنغا ئۆزگەرتىلگەن قوش يازلىق ۋاقتى بولغان سائەت نۆلدىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە، پاراشوتلۇق تاخلاش باشلىنىدۇ. 18 ياشلىق مورفى ئىسىملىك بىر پاراشوتچى ئەسكەر پاراشوتلۇق تاخلاپ سان مېرې ئېگلىسەدىكى بىر قىزلار ئوتتۇرا مەكتىۋى مۇدىرىنىڭ گۈللۈكى ئۈستىگە چۈشۈپ تۇنجى قۇرۇغلۇققا ئاياق باسقان ئەسكەر بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، D-كۈنى ھەرىكىتى باشلانغان ھېسابلاندى. ئارىدىن بىر سائەت ۋاقىت ئۆتكەندە، بىر-بىرىگە زىت خەۋەرلەر گېرمانىيە 7-كورپۇسىنىڭ ھەر قايسى شىتاپلىرىغا سەلدەك ئېقىشقا باشلاپ، نېمىسلارنى قايمۇقتۇرۇپ ھېچ نېمىنى ئۇقالماس قىلىۋېتىدۇ. گېرمانىيە ۋاقتى سەھەر سائەت 3 تە، رۇندىستېدت ئالى قۇماندانلىق شىتابىغا (ئەمەلىيەتتە يوقۇرى سالزبۇرگقا) خەۋەر يوللاپ، دۈشمەن پاراشوتچى قىسىملىرى بىلەن پلانېر قىسىملىرى نورماندىيەگە ئومۇمىي يۈزلۈك چۈشۈشكە باشلىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. شۇنىڭدىن 3 سائەت كېيىن، رۇندستېدتنىڭ شىتاب باشلىقى ۋارلىمونتقا خەۋەر بېرىپ، بۇ بەلكىم ئىشغالىيەت ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى بولىشى مۇمكىن دەيدۇ.785 ئۇمۇ ئالى قۇماندانلىق شىتابىغا ساقلاپ قويغان 4 دېۋىزىيىلىك بروۋنىك قىسىملىرىنى دەرھال پاراشوت تاشلانغان جايلارغا ئىۋەرتىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەمما جودل، بۇ ئىش شەرقتىن شەپە بېرىپ قويۇپ غەرىپتىن ھۇجۇم قىلىشتەك بىزنى بۇ تەرەپلەردە تۇتۇپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تاكتىكىسى بولىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. چۇنكى جودل، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسىنىڭ “مۇھاپىزەتچى” بەلگىلىك مەخپى ھەرىكەتنىڭ ئالدىمىغا بىر قېتىم چۈشۈپ باققان ئىدى: شۇ قېتىم، بىر يالغان ئۇرۇش پىلانى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئالىي قۇماندانلىق شىتابىغا قەستەن ئاشكارلىتىلغان بولۇپ، قۇرۇقلۇققا چىقىش يېرى قىلىپ تېخىمۇ شىمالدىكى كالايىس يېقىنلىرى، يەنى ئەنگلىيە بوغۇزىنىڭ مانچ دېيىلىدىغان ئەڭ تار يېرى تاللانغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى. شۇڭا، جودل بۇنىڭ ئۈچۈن ھىتلېرنى ئۇيغۇتۇپ يۈرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ.
بۇنىڭدىن رۇندستېدتنىڭ قۇماندانلىق شىتابىدىكىلەر بەكلا ھەيران ئىدى. ئۇرۇش مىنىستىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ياشانغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى “ئاچچىقىنى بېسىۋالالماي يۈز-كۆزى قىزارغان ھالداقايناپ نېمە دېگىنىنى ئۇققىلى بولمىغىدەك ھالغا كېلىپ قالغان.” ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا بىر قۇماندان بولسا ئىدى، بەلكىم بىۋاستە ھىتلېرغا تېلېفون قىلار ئىدى. ئەمما رۇندستېدتنىڭ كېلىپ چىقىشى كونا ئېسىلزادىلەردىن بولغاچقا، فۈھرېرنى كۆزگە ئىلماي “بوسىمىيەلىك ئون بېشى” دەپ ئاشكارە سۆزلەپ يۈرەتتى. شۇڭا ئۇ ھەرگىزمۇ ھە دىسىلا يۈگۈرۈپ ھىتلېرنىڭ ئالدىغا بېرىپ يالۋۇرۇپ يۈرىدىغان بىرسى ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ ئورنىغا ھىتلېرغا يالۋۇرۇشنى قول ئاستىدىكىلەرگە تاشلاپ شۇلارنىڭ بېرىپ ئۇنى ئويغۇتىشىنى كۈتىدۇ. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر مارشال جودلغا ھىتلېرنى ئۇيغۇتايلى دەپ يالۋۇرىشىدۇ.
ئۇلار، ئەتىگەن سائەت 9 بولغاندىلا ئاندىن بېرىپ فۈھرېرنى ئۇيغۇتۇشىدۇ. ھىتلېر سلوۋاكىيەنىڭ، ۋېنگرىيەنىڭ ۋە رومىنىيەنىڭ مۇستەبىتلىرى خورتى، تىسو ۋە ئانتونېسكولارنى قوبۇل قىلماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن (كۆرۈشۈش يېرى ئۈچۈن كلېسشېيىم قەلئەسى بېكىتىلگەن)، شۇ كۈنى ئۇنى ئادەتتىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا بالدۇرىراق ئويغىتىشقان ئىدى. ھىتلېر ئۇيقا خالىتى بىلەن ياتاقخانىسىدىن چىقىپ خاتىرجەم ھالدا ئولتۇرۇپ ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر ھەققىدىكى دوكلاتلارنى ئاڭلايدۇ. ئاندىن كېيتېل بىلەن جودلنى چاقىرىپ كېلىش ئۈچۈن بىرسىنى ئېۋەرتىدۇ. ئۇ ئىككى گېنېرال يېتىپ كەلگەندە ھىتلېر بايىقىدەك خاتىرجەم ھالىتىنى بۇزۇپ، “قانداق بولدى؟ ئۇلار بېسىپ كىرىدىغان بوپتۇمۇ قانداق؟” دەپ سورايدۇ. ئۇ ۋارقىرىغىنىچە بۇ گەپلەرنى سوراپ بولۇپ بۇرۇلۇپلا چىقىپ كېتىدۇ. سەل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاچچىقى قايتا يېنىپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىنتايىن قىزغىن بىر ھالدا ئۇ ئىككىسىنىڭ مورىسىنى قاققىنىچە، بىر ھېساپتا غەرپ بىلەن تۇتۇشۇپ قالىدىغانلىقى ئۇنىڭغا بىر كۈچ بولغاندەك “شۇنداق، بىزمۇ ئۇلارغا ئۆزىمىزنى تېتىتىپ قويىشىمىز كېرەك!” دەيدۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ، ئاندىن ھاياجاندىن يۇتىسىغا شاپىلاقلاپ قويىدۇ. ئۇ، ماشىنىلىق كلېسشېيىمغا كېتىۋاتقان بىر سائەتلىك يول ئۈستىدە ھەقىقەتەنمۇ روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. “قانچىلىك ۋاقىت كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر چوقۇم رۇسلارنىڭ يولىنى توسايمەن” دەيدۇ ھەمرالىرىغا. ئاندىن ئۇ پو ئاتقىنىچە ئانگلو ساكسونلارنى “ئاتلانتىك ئوكيان قىرى” غا قىستاپ يوقۇتۇش ئۈستىدە سۆزلەپ كېتىدۇ.
غەربىي سەپتە يۈز بەرگەن ھادىسىلەر چۈشكىچە بولغان ۋەزىيەت مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئىدى (يىغىن ئاخىرلاشقىنىدا، ھىتلېر بايىقى ئۈچ مۇستەبىتنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كېتىدۇ). ھىتلېر يىغىن زالىغا كىرگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭ ھەربى مەسلىھەتچىلىرى ئەندىشە ئىچىدە ئۈستەل ئەتراپىغا ئولۇشۇپ خەرىتە ۋە ھەر تۈرلۈك گرافىكلارنى كۆرىۋاتاتتى. ئۇلار فۈھرېرنىڭ كىرىشى ھامان دەرھال جىددىلەشكەن ھەمدە قورققان ھالدا ئۇنىڭغا بۇرۇلىدۇ. ئەمما ئۇلار فۈھرېرنىڭ ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا ئىشەنچىلىك قەدەملەر بىلەن كىرىپ كېلىشىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشىدۇ. ئۇ قۇيۇق ئاۋۇسترىيە شىۋىسى بىلەن “شۇنداق، بىز ئەندى يولغا چىقىدىغان بولدۇق!” دېگىنىچە راھەت كۈلۈمسىرەيتتى. ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ، ئۇزۇندىن بېرى كۈتۈپ كېلىۋاتقان پەيتنىڭ ئاخىرى كەلگەنلىكىنى ئېيتقاچ، “مانا ئەندى مەن ھەقىقى دۈشمەن بىلەن توتىشىدىغان بولدۇم!” دەيدۇ.
بېرلىندا، تۈۋەن دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار بۇيرۇق بويىچە گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا، بېسىپ كىرىش ھەرىكىتى باشلاندى دەپ ئېلان قىلىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، گيۆبېلس بۇ ئىشقا ئۇنچە بەك ئىشەنچلىك قارىمايتتى. ئاخبارات ئېلان قىلىش ئوفىتسېرى ۋىلفرېد ۋون ئوۋېننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن قارىغاندا، شۇ كۈنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش بىر قېتىملىق يىغىلىش بولغانلىقى، گيۆبېلس بۇ مۇراسىمدا بىر كونتېس خانىم بىلەن پىيانو چېلىپ بەرگەنلىكى، “ئۇ خاتىرجەم ھالدا مەدەنىيەت مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى سۆزلەپ بولۇپ بۇ كونتېس خانىم بىلەن بىرگە بارنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ بىرلىكتە پىئانو چالغانلىقى” قاتارلىقلار خاتىرلەنگەن. ئۇ خاتىرە دەپتىرىدە يەنە “ئۇ ئايال بەكلا كۆپ ناخشا ئېيتتى، ھەممە كىشى دېگىدەك مەس ئىدى” 786 دېگەنلەرنى يېزىپ قويغان ئىدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 4 بولغاندا ھىتلېر ، ئېۋا بىلەن بىر مۇنچە پارتىيىنىڭ مۇھىم كىشىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن بىرلىكتە تاتلىق-تۇرۇم يېيىش ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ بېرگخوفقا قايتىپ كېلىدۇ. چاي سۆھبىتىدىكى ئەڭ قىزىق پاراڭ ئۇنىڭ گۆشسىز تاماق يېيىشى ئۈستىدە بولىدۇ: “پىلنى ئالساق، ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ئەڭ ساغلام ۋە ئەڭ كۈچلۈك بىر ھايۋان؛ شۇنداق تۇرۇغلۇق ئۇمۇ گۆش يېيىشنى خالىمايدۇ.” تاتلىق-تۇرۇمدىن كېيىن كىشىلەر ئادەتتىكىدەك چايخانىنىڭ يولىنى تۇتىشىدۇ. ئۇ يەردە فۈھرېر لىمونلۇق چاي ئىچىپ بىرەر سائەتتەك ئۇخلىۋالىدۇ؛ ئاخشىمى سائەت 11 بولغاندا يەنە بىر ھەربىي ئىشلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. يىغىندا، بۇ ھەرىكەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بېسىپ كىرىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى قۇرۇقلۇققا چىقىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇنى قۇراللىق كۈچلىرىنى خاتالاشتۇرۇپ باشقا تەرەپكە بۇرىۋېتىشنى پىلانلاپ ئۇنى قارماققا چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلىشقان بىر قېتىملىق ئۇيۇن بولىشى مۇمكىن دەيدۇ. ئۇ، بېسىپ كىرىش ھەرىكىتى ئاساسلىقى گالايىسقا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى، چۇنكى ئۇ يەر ئەنگلىيە بوغۇزىدىن ئۆتۈشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يېرى دەپ قارايتتى. يېقىندىكى “مۇھاپىزەتچى” دېگەن ھەرىكەت ئۈچۈن ئۇنچىۋالا باش قاتۇرۇپ يالغان خەۋەر تارقىتىپ يۈرگەنلىكىنى تېخى ئېسىدىن چىقارمىغانلىقىنى، بەلكىم ئۇ يەر ئۆزىنىڭ ئەنگىلىيەگە بېسىپ كىرىشنى پىلانلىغان ۋاقتىدىكى تاللىۋالغان يولىغا ئوخشاشلىقىنى، ئەمما ھەرىكەت يۆنۈلۈشى بۇ تەرەپكە بولشى بىلەنلا پەرق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
شۇ كۈنى تۈن يېرىمىدا، ئىتتىپاقداش ئەللەر ئارمىيىسى 30 مىل ئۇزۇنلۇقتىكى ئۇرۇش سېپىدە ھىتلېرنىڭ غەرىپ تەرەپتىكى “قەلئە” سىگە قاراپ ھۇجۇم قىلىپ گېرمانىيە قوشۇنلىرىنى ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىدۇ؛ دېڭىز-ھاۋا ئارمىيىلىرى قىلچە قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ؛ دېڭىز قىرغىقىدىكى مۇداپىيىلىنىش ئىستىھكاملىرىمۇ پۈتۈنلەي يىمىرىپ تاشلىنىدۇ. دۈشمەن كۈچلىرى 2500 گىمۇ يەتمەيدىغان ئەسكەر چىقىمى بەدىلى بىلەنلا ئىنتايىن چوڭ غالىبىيەتتىن بىرنى قولغا كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭغا قارىماي، ئەگەر نېمىس قوشۇنلىرى توغرا قارار ئېلىپ ھەرىكەت قىلغان بولسا ئىدى، يەنىلا ئۇلارنى ئەنگلىيە بوغۇزىغا قوغلىۋېتىش ئىمكانى بار ئىدى.
3
3-ئىيۇن كۈنى، گيۆبېلس تاماكا تاشلاپ 3 كۈن ئۆتكەندە غىق مەس بولغىچە ئىچىۋالىدۇ. 7-چىسلادا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش ئوفىتسېرىغا بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ ھەقىقى بېسىپ كىرىش ئۇرۇشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. سابىق باش ئەلچى ۋون ھاسسېلنىڭ قالدۇرغان خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى چۈشتە ئۇ بىر قىسىم يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن سانائەتچىلەرگە سۆزلىگەن نۇتقىدا، “چوقۇم بىر كۈنى ھەر قايسى چوڭ دۆلەتلەر بىر ئۈستەل ئەتىراپىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ بىر-بىرسى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ ھەمدە بىر-بىرسىدىن ئاقىلانىلىق بىلەن ‘راس، بۇ ئىش زادى قانداق پەيدى؟’ دەپ سورىشىدىغانلىقى ئېنىق” دېگەن. بۇ گەپتىن ئولتۇرغانلار بەكلا ھەيران قېلىشقان. بۇ يەردە، گيۆبېلسنى بەرىبىر خوجايىنىنىڭ قارىشىنىلا ئۇقتۇرماقتا دېيىش مۇمكىن. 10-چىسلاغا كەلگىنىدە، ئۇ يەنە ھىتلېرنى گېرمانىيىنىڭ ئۈمىدى “تاجاۋۇزغا قارشى تۇرۇشتا ھەرقانچە قان تۆكۈلۈشتىن قورقماسلىق” كېرەكلىكىنى، ئەنە شۇ چاغدىلا غەرپلىكلەر يارىشىش يوللىرىنى ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى توغرىلىق جاسارەتلەندۈرشكە تىرىشىدۇ.
ئەمما ھىتلېر نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش ھەرىكىتىنى چوقۇم بىر ئويۇن دېگەن قارىشىدا بەرىبىر چىڭ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ، بۇ مۇھىم ئورۇنغا كەسكىن تەدبىر ئېلىش كۈچى سەپلەشكە بەك ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇرۇش سېپىدىكى كوماندىرلارغا ئەركىن ھەركەت ھوقۇقى بېرىلىشنى رەت قىلىپ تۇرىۋالغاچقا ئۇلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەت قوللىنىشتەك ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرىدۇ. نەتىجىدە بۇ قېتىمقى ئوپراتسىيىسىمۇ مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئىتتىپاقداش ئەللەر قوشۇنلىرىنىڭ فرانسىيە كۆكلىرىدە مۇتلەق ھاۋا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرىۋېلىشى ئۈچۈنمۇ پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ. ھىتلېر، تېخى نەچچە كۈن ئاۋاللا ئالاھىدە مەھىيىلەپ كەتكەن گيۆرىڭدىن شۇنچە ماختىنىدىغان ھاۋا ئارمىيىسى غەرپ كۈچلىرىگە قارشى “بىرگە بىر تاقابىل تۇرالىغىدەك” ئايروپلان ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ قىلالمىغانلىقى ھەققىدە كەسكىن سورايدۇ.
ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالغان فۈھرېر، 12-ئىيۇن كۈنى مۇددەتتىن ئىككى كۈن بۇرۇن لوندونغا V-1 راكىتا ھۇجۇمى باشلىتىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، راكىتا قويۇپ بېرىش نوقتىسىدىكى ئەسكەرلەر ئارانلا 10 تال ئۇچار بومبا قويۇپ بېرەلىگەن بولۇپ، ئۇلاردىن 4 تېلى شۇ يەردىلا پارتلاپ كېتىپ، يەنە 2 تېلى غايىپ بولىدۇ. پەقەت 4 تېلىلا بىر پولات كۆۋرۈكنى پاچاقلاپ تاشلىيالايدۇ.787 بۇ قېتىمقى پاجىئەلىك مەغلوبىيەتتىن كېيىن گيۆرىڭ ھىتلېرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ ئىش مىلچنىڭ ئىشى، مېنىڭ بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق، دەپ تۇرىۋالىدۇ. ئىككى كۈن ئۆتكەندە، ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچار بومبا قويۇپ بېرىش ئىشىنى باشلىتىپ جەمئىي 244 تال راكىتا قويۇپ بېرىپ لوندوننى پۈتۈنلەي ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. بۇ قېتىم گيۆرىڭ بۇ ئىشنى مەن قىلدىم دەپ تۇرىۋالىدۇ.
بۇ ئىشلارنىڭ ھېچبىرى نورماندىيەدىكى ۋەزىيەتگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ھەتتا 10 كۈنگە قالماي ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بىر مىليون كىشىلىك ئارمىيە بىلەن 500 مىڭ توننا ھەربىي مۇلازىمەتنى قۇرۇقلۇققا چىقىرىۋالىدۇ. ۋەزىيەت بەكلا جىددى ھالغا كەلگەچكە، ھىتلېر 17-ئىيۇن كۈنى ئالدىراشلىق بىلەن ماشىنىلىق غەربى سەپكا ئاتلىنىپ سويىسسوننىڭ شىمالىدىكى بىر كەنتكە يېتىپ كېلىدۇ. ھىتلېر بۇ يەردە، D-كۈنىدىن بېرى رۇندستېدت بىلەن روممېل ئىككىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. “ھىتلېر، ئۇيقىسىزلىق سەۋەبىدىن رەڭگى-روھى بەكلا سۇلغۇن كۆرۈنەتتى، − دەيدۇ گېنېرال ھانس سپېيدېل كېيىن ئەسلەپ كېلىپ، − بەكلا تىت-تىت بولغان ھالدا بىر قولىدا كۆزئەينىكىنى چۆرۈپ ئويناتسا يەنە بىر قولىدا رەڭلىك قېرىنداشلارنى تاراقشىتىپ ئولتۇراتتى. … ئاندىن ئۇ، ئىتتىپاقداشلار قوشۇنىنىڭ نورماندىيىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقىدىن بەكلا خاپا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ۋارقىرىغىنىچە مەسئۇلىيىتىنى گېنېراللىرىغا دۆڭگەيدۇ.”
بۇ چاغدا، ئېغىر مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلغان كىشى رۇندستېندت ئەمەس بەلكى رومېل ئىدى. ئۇ “قىلچە كۆڭۈل ئايىماي ئوچۇق قىلىپ” مۇنداق دەيدۇ: ئىتتىپاقداشلار قوشۇنى دېڭىز، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىۋالغان بولغاچقا، بۇنداق بىر كۈچ بىلەن ئۇرۇشۇشنىڭ قىلچە ئىمكانىيى يوق ئىدى، بۇ ئىشتا پەقەت بىرلا پۇرسىتىمىز بار: بىر غېرىچ تۇپراقنىمۇ قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن تىركىشىش دەيدىغان ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدىغان سىياسەتتىن ۋاز كېچىپ، نېمىس قوشۇنلىرىنى دەرھال كەينىگە چېكىندۈرۈپ بارلىق بروۋنىك قىسىملىرىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق دۈشمەن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ توپ ئوقى بارالمايدىغان يەرگە چېقىۋېلىپ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، دەيدۇ. ھىتلېر ئۇلارغا قەسەم بېرىپ، يېڭى ياسىغان راكىتا ھۇجۇملىرى “مۇتلەق تۈردە ئەنگلىيەلىكلەرنى تىنچلىققا زورلىيالايدۇ” دەپ تۇرىۋالىدۇ. بۇ گەپلەر رۇندستېدت بىلەن روممېل جېنىغا تېگىدىغان گەپلەر ئىدى. چۇنكى، ئۇلار ئەسلىدە بۇ راكىتالاردىن پايدىلىنىپ بۇ قېتىمقى باستۇرۇپ كىرىش ھەرىكىتى ئۈچۈن ماددى ئەشيا بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسى پورتلارنى بومباردىمان قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، ئەمما ھىتلېر، بارلىق راكىتالارنى قەتئىي تۈردە بىر يەرگە يىغىپ سىياسىي ئەھمىيەتلىك بىرلا نوقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ھۇجۇم قىلىشىمىز كېرەك دەپ قەتئىي رەت قىلىپ تۇرىۋالغان بولغاچقا، بۇ ئىككى نەپەر قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى گۇناھنى ھاۋا ئارمىيىسىگە ئارتىپ تۇرىۋالىدۇ: ئۇلار ئەقەللى ھاۋا ياردىمىدىمۇ بولمىدى، بۇنداق بىر شارائىتتا قۇرۇقلۇقتىكى قىسىملار قانداقمۇ غەلىبە قىلالىسۇن؟ بۇنىڭغا ھىتلېر: “قاتار-قاتار تىزىلىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلىيدىغان رىئاكتىپ ئۇرۇش ئايروپلانلىرى” چوقۇم ئېنگلىز ئايروپلانلىرى بىلەن ئامېرىكا ئايروپلانلىرىنى كۆكتە پاك-پاكىزە تازىلىۋىتەلەيدۇ دېگەن جاۋابنى بېرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىزاھات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، مىلچنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ئىشلەپ چىقىرىش ئۈستىدە تۇرىۋاتقان بۇ رېئاكتىپ ئايروپلانلار ئەسلىدە قوغلىغۇچى ئايروپلان بىلەن بومباردىمانچى ئايروپلانلارنىڭ بىر خىل ئارىلاشمىسىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئايروپلانلار ئەسلىدە بۇ ئىككى تۈرلۈك ۋەزىپىنىڭمۇ تولۇق ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىقتىداردا ئەمەس ئىدى.
يىراقتىن گۈرۈلدەپ كېلىۋاتقان ئايروپلان ئاۋازىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن، ئۇلار دەرھال ئالاھىدە مۇستەھكەم ياسالغان بېتون ئاكوپلارغا كىرىپ يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. نىشاننىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى رومېلنى تېخىمۇ بەك ھاياجانلاندۇرىۋېتىدۇ. ئۇ، قاراپ تۇرۇڭ، غەرپلىكلەر چوقۇم نورماندىيىدىكى مۇداپىيە سەپلىرىمىزنى يىمىرىپ تاشلايدۇ ۋە گېرمانىيە ئانا تۇپراقلىرىغا قاراپ ئىلگىرلەپ كىرىدۇ دەيدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭ گېپىنى گەپ قايتۇرماي جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ. رومېل، شەرقىي سەپلەرمۇ چوقۇم تارمار كەلتۈرۈلىشى، ئىمپىرىيىمىز سىياسى جەھەتتە چوقۇم يېتىم ھالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن پەرىزىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. شۇڭا ئۇ، ئۇرۇشنى ئاخرلاشتۇرايلى دەپ جىددى تەلەپ قىلىدۇ. “ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرۇش سىزنىڭ ئىشىڭىز ئەمەس، − دەيدۇ ھىتلېر كەسكىن تۈردە. − ياخشىسى، بېسىپ كىرىۋاتقان دۈشمەنگە قارشى ئۆزىڭىزگە تەۋە ئۇرۇش سېپىغا دىققىتىڭىزنى بېرىڭ.”
دەم ئېلىش ۋاقتى كېلىپ ئۇلار بىرلىكتە چۈشلۈك تاماققا ئولتۇرىدۇ. چۈشلۈك تاماقتا بىرلا خىل تاماق بار ئىدى. ھىتلېر تاماققا ئولتۇرۇشتىن ئاۋال، ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان ئېس-ئېس ئەسكىرى فۈھرېرىنىڭ تامىقىنى تېتىپ كۆرىدۇ. سپېيدېل بۇ ئەۋالنى كۆرۈپ، ھىتلېرنىڭ بۇ قىلىقى ئۇنىڭ ھەربىيلەرگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى دەيدۇ. كۆرۈشۈش ئەندىلا ئاخىرلاشقىنىدا لوندونغا قارىتىپ ئېتىلغان بىر V-1 راكىتا،788 غەلىتە بىر شەكىلدە يولىدىن ئېزىپ ئىستىھكامنىڭ نەق ئۈستىگە چۈشۈپ پارتلىغان بولسىمۇ ھىتلېر بۇ پارتلاشتىن بىرەر زەخمە يېمەي ساق قالىدۇ. ئۇ دەرھال يوقۇرى سالزبۇرگتىكى يوشۇرۇنۇش يېرىگە قايتىپ بېرىۋالىدۇ. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قاتتىق خاپا ھالدا، “رومېل قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتىپتۇ، ئۇ رەسمىلا ئۈمىدسىز − پېسسىمىست بىرسىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. بۈگۈنكىدەك ئەھۋالدا، پەقەت ئۈمىدۋارلىققا ئىگە بىرسىلا بىرەر ئىشقا ئەسقېتىشى مۇمكىن” دەيدۇ.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتمەي، ئۇ يەنە باشقا بىر ئۈمىدسىزنىڭ تېلېفونىنى ئالىدۇ. رۇنستېدت، ئامېرىكا قوشۇنلىرى مۇداپىيە سېپىمىزنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كوتېنتىن پېنىسۇلا يېرىم ئارىلىدىن ئىلگىرلەپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا نېمىس قوشۇنلىرى چېربوۋرۇگتىن دەرھال چېكىنىپ چىقىشى كېرەك، بولمىسا چېكىنىش يولى كېسىۋېتىلىدۇ دەپ مەلۇمات بېرىدۇ. “چېربوۋرۇكنى ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر قەتئىي قولدىن چىقارما” دەيدۇ فۈھرېر جاۋابەن. ئۇ يەنە يوليورۇق بېرىپ، ئۇ يەرنى ساقلاش ئىشى چوقۇم ئەڭ ئاخىرقى مىنوتقىچە داۋام قىلىشى، زادى ئىمكانىيەت قالمىغىنىدىلا ئەسىرگە ئېلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا چېكىنىشىڭلارغا رۇخسەت دەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاقىلانە بىر يوليورۇق ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ قۇدرەتلىك ئىتتىپاقدىشى بولغان ياپونىيەدىنمۇ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان خەۋەرلەر كېلىپ تۇرغان ھەمدە بىر قىسىم يول قويۇشلاردا بولغان بولسىمۇ، بۇنداق يول قويۇش ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ يۇمشاپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئەمەس ئىدى.
ياپونلار فىلىپىن دېڭىز ئوپىراتسىيىسىدە ئەجەللىك زەربە يەپ ئېغىر تىپلىق ئۈچ ئوكيان قوغلاش كېمىسىدىن، 475 ئايروپلانىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ھىتلېر، تۇشمۇ-تۇشتىن دۈشمەن قاپلاپ كەتكەن بۇنداق ۋەزىيەتكە قارىماي، رەڭگى-رۇھىدا قىلچىمۇ ئۆزگىرىش كۆرۈلمىگەن، ھەتتا بەكلا سالماق كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ بۇ كۆرۈنۈشىدىن ئەتراپىدىكىلەر قاتتىق ھۇلۇقۇپ كېتىدۇ. بەزىلەر ئۇنى پىكىرلەرگە قىلچە پەرۋا قىلمىدى دەپ تەنقىتلىشىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. ھىتلېر، 23-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا فىنلاندىيەنىڭ رۇسىيەگە تەسلىم بولۇش مەسىلىسىدە فىنلاندىيەنى مازاق قىلغان ئىدى. بۇ مازاق قىلىشقا گېنېرال دېيتل قاتتىق خاپا بولۇپ ئۈستەلنى مۇشلاپ كېتىدۇ. “فۈھرېرىم، مەن سىزگە بىر باۋارىيەلىكتەك ئېيتاي!” دەپ يەرلىك شىۋە بىلەن ۋارقىرايدۇ. ئۇ، ھىتلېرغا بۇ دېگىنىڭىز ھەقسىزلىق دەيدۇ. ھىتلېر ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ، دېيتىلغا، ئۇنىڭ دېگىنى توغرا دەيدۇ. ھىتلېر دېيتىل بىلەن قىزغىن خوشلاشقاندىن كېيىن، قالغان كىشىلەرگە “ئەپەندىلەر، بارلىق گېنېراللىرىمنىڭمۇ شۇ دېيتىلدەك بولىشىنى ئارزۇ قىلىمەن” دەيدۇ.
ھىتلېر، ئادمىرال پولكوۋنىك دۆنىتزنى دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىگەن كۈنىدىن تارتىپلا خۇددى دېيىتلغا ئوخشاش ئۇنىڭغا بەكلا قايىل ئىدى. ئەسلىدە دۆنىتز ھىتلېرنىڭ لايىھىسىگە ئاشىكارە ھالدا قاتتىق قارشى چىققان بىرى ئىدى. شۇندىن بۇيان، ھىتلېر ئۇنىڭغا قاتتىق ھۆرمەت قىلىپ، قاتتىق ئىشەنچ بىلەن ئۇنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايدىغان بولغان ئىدى. ھەتتا ئۇ بۈگۈنكىدەك كىشىنى خاتىرجەم قىلماي كېلىۋاتقان كۈنلەردىمۇ ئەڭ ياش كاتىبىنىڭ پىكىرىنىمۇ ئاڭلايدۇ. بىر كۈنى، فۈھرېر ھاۋا ھۇجۇمى ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەرنى كۆرىۋاتقىنىدا، تراۋدل جيۇڭ ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغان ھالدا ھىتلېرغا مۇنداق دەيدۇ: بۇنداق رەسىملەر ئەمەلىيەتتىكى ئېچىنىشلىق پاجىئەنى ھەرگىزمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆزى بىۋاستە سىرتقا چىقىپ بۇ ئەۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىشى، ھېچ بولمىغاندا بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، “ئەگەر كۈل بولۇپ يېنىۋاتقان ئۆيىنىڭ لىملىرى ئالدىدا ئولتۇرۇپ قول سۇنۇپ ئىسىنىپ ئولتۇرغان بىرسىنى كۆرسىڭىزلا ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ دەردىنى چۈشىنەلەيسىز، چۇنكى ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكى كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكەچكە شۇ ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلەلەيسىز” دەيدۇ. بۇ گەپكە ھىتلېر قىلچە خاپا بولمايدۇ. “بۇلاردىن خەۋىرىم بار، − دەيدۇ ھىتلېر چوڭقۇر بىرنى تىنىۋېلىپ، − ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۈزىتىشكە تىرىشىمەن. مەن يېڭى تىپتىكى بەكلا كۆپ ئايروپلان ياساتتىم. ئۇزۇنغا قالماي بۇنداق قارا بېسىشلارغا خاتىمە بېرىلىدۇ!”
ئەمما ھىتلېر، باشقا بىر تۈردىكى كىشىلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاشنى قەتئى خالىمايتتى: بۇ تۈر كىشىلەر نورماندىيىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇماندانلىرى ئىدى. دەل شۇ كىشىلەرلا نورماندىيەدىكى ۋەزىيەتنى تۈزەتكىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە يامانلاشتۇرىۋەتتى دەپ قارايتتى. 26-ئىيۇن كۈنى، چېربوۋرۇگ ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. شۇندىن باشلاپ گېرمانىيە قوشۇنلىرى تەشەببۇسكارلىقنى زادىلا قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. بۇنىڭ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەبى بار ئىدى: بىرىنچى سەۋەپ، ھىتلېر ھەردائىم ئاساسلىق باستۇرۇپ كىرىش يولىنىڭ كاليىستا بولىشىدىن قورقۇپ كەلگەنلىكىن ئىدى؛ يەنە بىر سەۋەپ بولسا، “پەۋقۇلئاددە مەخپى” تېلېگراممىلارنىڭ دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن بولغان ئىدى. يەنى كۆپۈنچە ھاللاردا ئەسلى تېلېگرامما يوللىنىپ ئارىدىن بىر قانچە مىنوت ئۆتمەيلا بۇ تېلېگراممىلاردىن لوندونمۇ خەۋەر تېپىپ تۇراتتى. بۇ كۈنلەردە گېرمانىيە قوشۇنلىرى پۈتۈنلەي كۈچ خورىتىدىغان پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىش ئۇرۇشى بىلەن شوغۇللىنىپ كەلمەكتە بولۇپ، ئۈچىنچى رېيچ بىر مەيدان يوقۇلۇش ئاپىتى گىرداۋىغا كېلىپ قالغان ئىدى.789
فۈھرېر، بېرگخوفتىن ئۆتۈپ يېقىنلا بىر يەردىكى پلاتتېرخوف مېھمانخانىسىنىڭ قەھۋەخانىسىدا يۈزگە يېقىن ھەربى سانائەتچىلەر ۋەكىللىرىگە سۆز قىلىپ، خۇسۇسىي مۆلۈك قەتئى دەخلى تەئەررۇزغا ئۇچرىمايىدىغانلىقىنى، ئەركىن كەسىپلەر مەڭگۈ ساقلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ. بۇ يەردە فۈھرېر ئالاقىزادىلىك ئىچىدە كۆڭلى بىر يەردە ئەمەستەكلا كۆرۈنەتتى. ئۇ نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا سودىگەرلەرگە، تىنچلىق ئەسلىگە كېلەر-كەلمەس ئۇلارغا قايتىدىن چىن قەلبىدىن رەخمىتىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما بەك كۆپ ئالقىش بولمىغاچقا ھىتلېر سۆزىنى تەھدىت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: “ئەگەر ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولىدىكەنمىز، شۈبھىسىزكى گېرمانىيەنىڭ خۇسۇسىي سودا سانائىتىمۇ مەۋجۇت بولماي قالىدۇ.” ئۇ يەنە مازاق قىلغان بىر ئاۋازدا، ئەگەر مەغلوبىيەت راستىنلا بىزنى كۈتىۋاتقان بولسا، بۇ ئولتارغانلارنىڭمۇ ھەر قانداق بىر تىنچ ئىگىلىك ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ئولتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. “ئۇ كۈن كەلگەندە، كۆپچىلىكنىڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشى قانداق قىلىپ بۇ ئالەمدىن باقى ئالەمگە كېتىشنى ئويلىنىشىلا بولىشى كېرەك. يەنى ئۇ دۇنياغا ئۆزى كېتىشنىڭ چارىسىنى قىلىش كېرەكمۇ ياكى باشقىلار كېلىپ دارغا ئېسىشىنى كۈتۈش كېرەكمۇ دېگەننى ئويلىنىشىلا قالىدۇ، يا ئاچلىقتىن ئۆلۈش، يا سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنىش. بۇلار ھەقىقەتەنمۇ ھەر بىرىڭلارنىڭ بېشىغا كېلىشى ئېھتىمالى بولىدىغان ئىشلار.”
ھىتلېر، شۇندىن 3 كۈن ئۆتكەندە رۇندستېدت بىلەن روممېلنى بېرگخوفقا چاقىرتىدۇ. روممېل، سېيىن دەرياسى بويىچە بىر مەيدان ئارقا سەپنى قوغداش ئۇرۇشى باشلىتىپ، فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قىسىملارنى چېكىندۈرۈپ كېلىش، شۇنىڭدەك سېيىن دەرياسىدا شىۋىتسارىيەگە تۇتىشىدىغان ئۇرۇش سېپىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭ بۇ دېگەنلىرىگە قەتئىي ئېتىبار قىلمايدۇ. ئەكسىنچە، يەنە بىر قېتىم قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتەيلى دەپ بەكلا ھاياجان ئىچىدە كۆرۈنەتتى. ئۇ، ئومۇمىي يۈزلۈك چېكىنىشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇرۇش سەپلىرىدە بىر قىسىم ئۇششاق-چۈششەك تاكتىكىلىق ئۆزگەرتىش قىلىشقا ئۇرۇنۇشقىمۇ يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ئۇ، يېقىندا ئاجايىپ كۈچلۈك يېڭى بىر قۇرالىمىز بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئۇرۇشتا چوقۇم يېڭىپ چىقىمىز دەپ ئۆزىگە ئۆزى غۇدۇڭشۇيتتى. ئۇنىڭ بۇنداق ماختىنىشى رۇنستېدتنىڭ شىتاپ باشلىقىغا پۈتۈنلەي ئەكسىچە تەسىر قىلىدۇ: “ئۇنىڭ دېگەنلىرى بىر-بىرىگە پەقەتلا ماس كەلمەيتتى.” بۇ ئىككى مارشال مەردانىلىق بىلەن قاتتىق تىركىشىپ قارشىلىق بىلدۈرۈش ۋەزىپىسىنى جايىغا كەلتۈرگىنىدىن كېيىن قەتئىي نارازى تۇيغۇلار بىلەن يىغىندىن چىقىدۇ. كېيتېلمۇ ئۇلاردەك قاتتىق ئۈمىدسىز ھالدا تەغدىرگە بوي سۇنغان بىر قىياپەتتە روممېلغا ئېتراپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “پەقەتلا ئامال قالمىغانلىقىدىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم بار.”
ئارىدىن ئىككى كۈنمۇ ئۆتمەي، ھىتلېرنىڭ قايتارما ھۇجۇم ھەرىكىتى مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. رۇندستېدت، بۇ بەلكىم مەغلوپ بولىدىغانلىقىمىزنىڭ بىر بىشارىتى دەپ دەرھال كېيتېلنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. “ئەندى بىز قانداق قىلىمىز؟” دەپ سورايدۇ كېيتېل. “قانداق قىلاتتۇق، ئاخماق، سۇلىھ تەلەپ قىلىمىز!” دەيدۇ رۇندستېدت ۋارقىرىغىنىچە. كېيتېل، “سىزنىڭ باشقا تۈرلۈك چارىڭىز يوقمۇ؟” دەپ سورايدۇ ھىتلېرگە دوكلات قىلىۋاتقىنىدا (ئەسلىدە، ھىتلېر تېخى يېڭىلا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى گۈنتېر ۋون كلۇگ بىلەن بۇ ئىش توغرىلىق سۆزلەشكەن ئىدى). ھىتلېر شۇ ھامان ھاياجانلانغان ھالدا كلۇگقا بۇيرۇق قىلىپ، سەن غەربى ئۇرۇش سېپىگە مەسئۇل بول دەيدۇ ھەمدە رۇندستېدتقا بەكلا سىپايە بىر پارچە خەت يېزىپ ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
4
“بىرەر سۈيىقەستنىڭ پاش بولماسلىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بۇنداق بىر سۈيىقەست مۇتلەق تۈردە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەن تۇرغۇزۇلغان بولىشى شەرت. بۇنداق بىر ئۇرۇنۇش مۇتلەق تۈردە بەكلا كۆپ ئادەمنىڭ قاتنىشىشىنى، ئۇزۇن ۋاقىت تەييارلىق كېرەك بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە پايدىلىق شارائىت كۈتۈشكىمۇ ئېھتىياجلىق. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنە كېلىپ سۈيىقەستنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن بىرەر ئامىل ھالىغا كېلىشىمۇ مۇمكىن. دېمەك، بۇلاردىن مەلۇمكى، سۈيىقەست قىلىش ھەقىقەتەنمۇ بەكلا خەتەرلىك بىر ئىش!”
− فرانسېسكو گۇيىسياردىنى (رىكوردى، 1528~1530)790
ھىتلېرنى ئولتۇرغان ئايروپلان بىلەن قوشۇپ پارتىلىتىۋەتمەكچى بولغانلار، يەنى ۋىنو شىشىسىگە پارتلاتقۇچ سېلىپ ھىتلېر ئولتۇرغان ئايروپلاننى پارتىلىتىشقا ئۇرۇنغان كىشىلەر، پەلتوسىغا بومبا سېلىپ ئۇنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنىڭ ھېچ بىرى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالمايدۇ. 1943-يىلى سىنتەبىردىن تارتىپ تا 1944-يىلى 11-فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلار يەنە 4 قېتىم سۈيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرىدۇ. بىرىنچى قېتىمدا، ھېلمۇت ستيېف ئىسىملىك بىر گېنېرال “بۆرە ئىنى” غا ۋاقىت تىزگىنلىك بىر پارتلاتقۇچ بومبا قويۇپ يىغىن ئېچىلىۋاتقان پەيىتتە پارتلايدىغانغا توغرىلىغان بولسىمۇ بۇ گېنېرال قورقۇپ ۋاز كېچىدۇ؛ بىر ئايدىن كېيىن، بۇسېچ ئىسىملىك يەنە بىر قۇرۇقلۇق ئارمىيە كاپىتانى، يېڭى پاسون ھەربىي پەلتو كۆرگەزمىسى ئېچىلىش ۋاقتىدا ئۆزىنى قوشۇپ ھىتلېرنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈشكە رازى بولىدۇ. ئەمما بۇ چاغدا دۈشمەن بومباردىمان ئايروپلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىشىغا توغرا كېلىپ كۆرسىتىلىدىغان بۇ يېڭى ھەربىي پەلتۇ كۈيۈپ كەتكەچكە ھىتلېر ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. يەنى بۇ كۆرگەزمىدىن بىر كۈن ئاۋال بېرلىن ھاۋادىن بومباردىمانغا يولۇقۇپ، كۆرگەزمىگە قويۇلغان پەلتو تىتىلىپ يوق بولۇپ كەتكەچكە، بۇسېچ ئامالسىز ئالدىنقى سەپكا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
1944-يىلىنىڭ (ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمىدە 1943 بولۇپ قالغان − ئۇ. ت) روژدىستىۋا بايرىمىدىن بىر كۈن كېيىن، ئالدىنقى سەپتىن قايتقان بىر ئوفىتسېر ۋاقىت تىزگىنلىك پارتلاتقۇچ سېلىنغان سومكىنى كۆتۈرۈپ چۈشلۈك يىغىن ئېچىلىدىغان يىغىن زالىغا كىرىپ كېلىدۇ. نېمە سەۋەپتىندۇ بۇ قېتىمقى چۈشلۈك يىغىن، ئېچىلىش ئالدىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار يەنە بىر قېتىملىق “پەلتو” پىلانى تەييارلىشىدۇ. بۇ قېتىمدا، بۇ ۋەزىپىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۈستىگە ئالغان كىشى ئېۋالد ھېينرىخ ۋون كلېيىست ئىسىملىق بىرسى بولۇپ، بۇ كىشى ئۇ ئەسلىدە بۇ سۈيقەستلەرنى باشلاپ بەرگەن ئادەمنىڭ ئوغلى ئىدى. بۇ قېتىمقىسىدىمۇ يەنە شۇ بېرتانىيە خانلىق ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمانى ھىتلېرنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىدى. يەنى، بۇ كۆرگەزمە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقىنىدا ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمانى باشلىنىپ كېتىپ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىش ئىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق سۈيىقەست مەغلوبىيەتكە ئۇچراپ ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە، بۇ تۈر قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئېغىر زەربە يەيدۇ. ھىتلېر، جاسۇسلۇق ئىدارىسى بىلەن ئېس-ئېس ئامانلىق ساقلاش باشقارمىسىنى بىرلەشتۈرۈشنى بۇيرۇق قىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك، سۈيىقەست قىلغۇچىلارنىڭ يادروسى رولىنى ئۆتەۋاتقان كىشىلەرنىڭ يوق قىلىنىشىدىن دېرەك بېرەتتى. يەنى گېنېرال ئوستېر گۇمانلىق ئوبىكتىپ دەپ قارىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. گەرچە ئۇ يەنىلا ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسىمۇ، قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ ئىشتا ئۇنىڭ ئەسقاتقىدەك يېرى قالمايدۇ. قارىغاندا، تەغدىر ھەقىقەتەنمۇ ھىتلېرنى قوغداپ كېلىۋاتقاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى؛ شۇنداق قىلىپ، سۈيىقەستچىلەر ئارىسىدا بىر تۈرلۈك ئۈمىدسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئەگەر يېڭىدىن بىرەر باشلامچى ئوتتۇرغا چىقمايدىغانلا بولىدىكەن مەخپى سۈيىقەستچىلەر كۈرىشى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدىغاندەكلا كۆرۈنەتتى. دەل شۇ پەيتتە، بۇنداق يېڭى باشلامچىدىن بىرسى دەرۋەقە ئوتتۇرغا چىقىدۇ: بۇ كىشى بىر شتاپ باشلىقى بولۇپ، ئۈنۋانى پودپولكوۋنىك، ئىسمى كونت ئۈنۋانلىق كلاۋس شېنك ۋون ستاۋفېنبېرگ ئىدى. ستاۋفېنبېرگ ئەسلىدە ناپولىئونغا قارشى ئازاتلىق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قەھرىمانلاردىن بىرى بولغان گنېيسىناۋنىڭ ئەۋرىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ، 1926-يىلى بىناكارلىق ئېنجىنېرى بولۇش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ ھەربىي سەپكە قاتناشقان؛ ئۇمۇ خۇددى ھىتلېرنىڭ ھەربىلىككە ئېلىش تۈزۈمىنى مەدھىيىلەيدىغان كىشىلەردىن بىرى، شۇنىڭدەك گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشى، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ ئىشغال قىلىنىشىنى ھىمايە قىلغۇچى، گوللاندىيە بىلەن فرانسىيە ئۈستىدىن غەلبە قىلغانلىقنى مەدھىيەلەيدىغانلاردىن ئىدى. ئەمما بارباروسسا ھەرىكىتى ئۇنىڭ پۈتۈن خامخىياللىرىنى توزىتىۋەتكەن بولۇپ، روزېنبېرگنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇرۇستىن باشقا خەلقلەرنىڭ ئازات قىلىنىشى كېرەك دەيدىغان سىياسى قارىشىنى پۈتۈن قەلبى بىلەن قوللاپ قۇۋەتلەيتتى. كېيىنچە بۇ تۈر سىياسەتنىڭ ئورنىنى ئېزىش ۋە قىرغىنچىلىق ئالغىنىدىن كېيىن، بىر ئوفىتسېر بولۇش سۈپىتى بىلەن، گېرمانىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ پەقەت بىرلا يولى قالغانلىقىنى، يەنى ھىتلېرنى ئۆلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىر يېقىنىغا ئېيتىدۇ. بىر قېتىملىق پەۋقۇلئاددە ئۇچرىشىشتا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر يېتەكچىسى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن ئېچقويۇن-تاشقويۇن ھالغا كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەسىرى بەك ئۇزۇن داۋام قىلالمايدۇ؛ ئۇنىڭ ماشىنىسى مىناغا دەسسىۋېلىپ، بىر كۆزىدىن، ئوڭ بىلىكىدىن ۋە سول قولىنىڭ ئىككى بارمىقىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسى بولسا ئىدى، چوقۇم ھەربى سەپتىن چېكىنىپ كەتكەن بولار ئىدى. ئەمما ستاۋفېنبېرگ، پەقەت مەنلا ھىتلېرنى ئۆلتۈرەلەيمەن دەپ ئۆزىگە بەكلا ئىشىنەتتى. شۇڭا ئۇ، 1943-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ساقىيىپ ھەربى سەپكە قايتىپ كېلىدۇ. روژدىستىۋا بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى پارتلاتقۇچ سېلىنغان سومكىسىنى كۆتەرگىنىچە فۈھرېرنىڭ يىغىن ئېچىۋاتقان يېرىگە كىرىدۇ.791 ئۇ يەنىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇ مەغلوبىيەتتىن تېخىمۇ ئىلھام ئېلىپ ئاساسەن بۇرۇنقىسىغا ئوخشاش تېخىمۇ مۇكەممەل بىر پىلان تۈزۈپ چقىدۇ. بۇ قېتىم، ئىنچىكىلىك بىلەن ھېساپلاپ پىلان قىلىدۇ: سۈيىقەست قىلىش ئەمەلگە ئاشار-ئاشماي، بېرلىن، پارىژ ۋە ۋيېننالاردا بىرلا ۋاقىتتا ھەربىي باشقۇرۇشنى قولغا ئېلىشنى پىلانلايدۇ.
ستاۋفېنبېرگ، بېرلىنغا كېلىپ مەملىكەت ئىچىدە تۇرۇشلۇق ھەربىيلەر مەركىزى باش قوماندانىنىڭ شتاب باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ يېڭى ۋەزىپە، ئۇنىڭ ئاجىزلىشىپ كەتكەن سۈيىقەستچىلەر گۇروھىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇ ياشىنىپ قالغان يېتەكچىلەر قولىدىن بۇ ئىشنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ ئېلىپ ئىرادىلىك، ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىش خاراكتېرىگە تايىنىپ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكى كۈچلۈك گۇروھلاردىن ئېنىق كاپالەت ئالىدۇ: ئۇ ئۆزىنىڭ باشلىقى، يەنى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئارقا سەپ تەمىناتىقا مەسئۇل گېنېرالىنى، ئالىي قوماندانلىق شىتابى خەۋەرلىشىش بۆلۈم مەسئولىنى، سۈيىقەستتىن كېيىن قىسىملارنى بېرلىندا ئۆتكۈزۈپ ئالالايدىغانغا مەسئۇل بىر گېنېرالنى ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئورۇنلاردىكى مۇھىم ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارنى بۇ ئىشقا جەلىپ قىلىدۇ.
ئەمما شۇ كۈنلەرگىچە، تېخى بىرەر قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى ئوتتۇرغا چىقىپ پۈتۈن قەلبى بىلەن بۇنداق بىر پىلاننى قوللاپ باقمىغان ئىدى. مەسىلەن كلوگ بۇ ئىشقا بەك قىزىقىپ كەتمەيتتى؛ مانستېيىن بۇ ئىشتا ئالدىراپ مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايتتى، چۇنكى ئۇ، “بۇ تۈردىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر شەرقىي ئۇرۇش سېپىنىڭ يىمىرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن” دەپ قارايتتى. ئەڭ ئىشەنچىلىك نامزات روممېل بولىشىغا قارىماي ئۇ قەتئىي تۈردە ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرىۋالىدىغان بىرى ئىدى. “مەنمۇ گېرمانىيىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىشىنى ئۆزەمنىڭ ۋەزىپىسى دەپ تونۇيمەن” دېگىنى بىلەن سۈيىقەست قىلىش ھەرىكىتىگە قارشى ئىدى. بۇنداق بىر ھەرىكەت، ھىتلېرنى ھەممە كىشى ياخشى كۆرىدىغان بىر شېھىتقا ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا قۇرۇقلۇق ئارمىيە فۈھرېرنى قولغا ئېلىپ گېرمانىيە سوتىغا تاپشۇرۇش، ئۆز جىنايەتلىرىنى ئۈستىگە ئې3لىشقا مەجبۇر قىلىش كېرەك دەيدىغان قاراشتا ئىدى.
1944-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىدا، يېڭى شىتاپ باشلىقى گېنېرال لېتېنات دوكتور ھانس سپېيدېلنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى بىلەن روممېل بۇنداق بىر سۈيىقەستكە تېخىمۇ بەك قىزىقىپ قالىدۇ. سپېيدېل بىر ھەربىي بولغىنى بىلەن ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن پەيلاسوپ ئىدى. بۇرۇن ئۇ ئەڭ ئەلا نەتىجە بىلەن تۈبېنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە دوكتورلۇق ئۈنۋانى ئالغان بىرى ئىدى. شۇڭا ئۇ روممېلنى قايىل قىلىپ، فرانسىيە ھەربىي ئىشلار سېكىرتارى گېنېرال كارل ستۈلپناگېل بىلەن پارىژ يېقىنلىرىدىكى بىر يېزىدا مەخپى كۆرۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ شتاپ باشلىقىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم قىلىشى ئارقىلىق ئۇ ئىككىسى بۇ يېزىدا ئۇرۇش توختىش كىلىشىمنامىسىنى ئىمزالاپ غەربى سەپتىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش پىلانىدىن بىرنى تۈزۈپ چقىدۇ. بۇ پىلاندا بارلىق گېرمانىيە قوشۇنلىرى ئۆز ئانا ۋەتەن تۇپراقلىرىغا چېكىنىپ كېتىدىغان، ئىتتىپاقداش ئەللەر ئارمىيىسىمۇ گېرمانىيەنى بومباردىمان قىلىشنى توختىدىغان، ھىتلېر قولغا ئېلىنىدىغان، گېرمانىيە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى قىسىملىرى تەرىپىدىن ۋاقىتلىق ئۆتكىزىۋېلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شەرقىي سەپتىكى ئۇرۇش داۋاملاشتۇرۇلىدىغان، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ قوشۇنلىرى بولشېۋىكچىلىققا قارشى ئەھلى سەلپ يۈرۈشىگە قاتنىشىشىنى پەرەز قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. روممېل بۇ پىلانغا بەكلا قىزىقىدۇ. ھەتتا ئۇ بۇ ئىشقا رۇندستېدتنىمۇ قىزىقتۇرىدۇ. گەرچە رۇندستېدت بۇنداق بىر پىلانغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ بۇ ئىشقا بىۋاستە ئارلىشىپ قېلىشنى خالىمايتتى. “سىز دېگەن ياش، − دەيدۇ رۇندستېدت، − سىز خەلقنى چۈشىنىدىغان، خەلقىنى قاتتىق سۆيىدىغان بىرىسىز، شۇڭا سىزلا قىلىڭ بۇ ئىشنى.”
ستاۋفېنبېرگ ۋە ئۇنىڭ گۇروھىدىكى باشقا كىشىلەر بۇ سۈيىقەست پىلانىغا روممېلنىڭمۇ قاتناشتۇرۇلۇشىغا بەك ماقۇل ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، روممېل دېگەن بۇ ئادەم ئۇرۇش مەغلوبىيەتكە دۈچ كەلگىنىدىن كېيىنلا ھىتلېردىن يۈز ئۆرىگەن بىر ناتسىست دەپ قارىشاتتى. شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە رۇسىيەگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىش پىلانىنىمۇ قوبۇل قىلىشمايتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە يالغۇز غەرپلىكلەر بىلەنلا تىنچلىق كىلىشىمى تۈزىمەن دېيىش رىياللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر پىلان ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ستاۋفېنبېرگ قاتارىدىكى كىشىلەر پۈتۈن قەلبى بىلەن ھىتلېرنى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈشنىلا ئويلاپ، ئۇنى قولغا ئېلىشنى قەتئى توغرا كۆرمەيتتى. 1944-يىلى 1-ئىيۇن كۈنى، ئۇلار، بۇ ئىشنى قەتئىي تۈردە ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىپ كىرىشىدىن بۇرۇن پۈتكۈزۈش كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا، دۈشمەن قوشۇنلىرى ئانا ۋەتەن تۇپراقلىرىمىزغا باستۇرۇپ كىرىۋالىدىغانلا بولىدىكەن، ھەرقانداق بىر چىرايلىقچە تىنچلىقنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قاراشتا ئىدى. مانا بۈگۈن ئۇلارنىڭ قولىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشنىڭ تەپسىلى پىلانى بار ئىدى. ئەمما قىزىق يېرى، بۇ پىلان فۈھرېر تەستىقلىغان بىر تەدبىر ئۈستىگە قۇرۇلغان پىلان ئىدى. بۇ ھەرىكەت پىلانىغا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋاگنېر سىمپونىيىسىنىڭ ئىسمى بولغان “ۋالكۈر” نى، يەنى “ئايال ئىلاھى” دېگەن مەخپى نامنى بەرگەن بولۇپ،792 بۇ ھەرىكەت پىلانى ئەسلىدە ھىتلېرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەسكەرلەر بىلەن گېرمانىيە تەۋەسىدىكى چەتئەللىك قۇل قىلىنغان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىسىيان كۆتۈرۈشىنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ تۈزۈلگەن بىر پىلان ئىدى. ھەرقانداق بىر توپلاڭ ياكى ئىسىياننى باستۇرۇش مەقسىتىدە، بۇ پىلان جىددى ھالەت ئېلان قىلىپ باستۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچ توپلاشقا دەرھال سەپەرۋەرلىككە كېلىشنى تەلەپ قىلاتتى. ستاۋفېنبېرگنىڭ پىلانى بولسا، بۇ “ۋالكۈر” ئوپىراتسىيە ھەرىكىتىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەمدە ھەر بىر ئۇرۇش سېپىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشنىڭ بىر سېگنالى ئورنىدا پايدىلىنىش ئىدى. ھىتلېر بۇ ھەقتە توختىلىپ كېلىپ، “ۋالكېر” ھەرىكىتى ئۈچۈن بېرىلىدىغان بۇيرۇقنى زاپاس ئارمىيە قۇماندانى گېنېرال فريېدرىخ فروملا ئېلان قىلالايدۇ دەپ ئېنىق ئېيتىدۇ. ئەمما فروم، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قارىتا دېگەندەك ئىشەنچ قىلىپ كەتمەيتتى.
D-كۈنىنىڭ باشلىنىشى بىلەن سۈيىقەستچىلەر قاتتىق ئالاقىزادىلىك ئىچىدە قالىدۇ. ياشتا چوڭىراق بولغانلىرى، سىياسىي ئۆزگىرىش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ گېرمانىيە بەرىبىر ئىشغال قىلىنىشتىن قۇتۇلالمايدۇ دەپ قارىشاتتى. شۇڭا، ئەڭ ياخشى چارە، غەرپكە تايىنىش كېرەك، ئۇلارنىڭ گېرمانىيەگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىش كېرەك، رۇسىيەنىڭ گېرمانىيە تۇپراقلىرىنى دەپسەندە قىلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك دەپ قارايتتى. ئەمما ستاۋفېنبېرگ يەنىلا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سۈيىقەست قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پۇرسەتمۇ شۇ ھامان ئوتتۇرغا چىقىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغاندەكلا كۆرۈنەتتى. يەنى ئۇ، پولكوۋنىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، فرومنىڭ شىتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى. ئەندى ئۇنىڭ، سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىش ئىشىدا دىلىغۇل بولۇپ تۇرغان بۇ گېنېرالغا تايىنىش ئېھتىياجى قالمىغان ئىدى. ستاۋفېنبېرگنىڭ ئۆزىلا زاپاس قىسىملارغا بۇيرۇق چۈشىرەلەيدىغان، شۇ ئارقىلىق بېرلىننى تارتىپ ئالالىشى مۇمكىن ھالغا كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ بۇ يېڭى ۋەزىپىسى پات-پاتلا ھىتلېرغا يېقىنلىشىش پۇرسىتىنىمۇ يارىتىپ بەرگەن ئىدى. ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا، ئۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈش پىلانىنى ئىشقا سالىدۇ: ھەر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا فۈھرېرگە دوكلات بېرىش ئۈچۈن بارغىنىدا ۋاقىت تېزگىنلىك بومبىدىن بىرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، فۈھرېر، گيۆرىڭ ۋە ھىملېر قاتارلىقلارنى بىراقلا پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈش، بۇ پىلان ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، دەرھال بېرلىنغا قاراپ ئۇچۇپ، پايتەخىتتە ھەربىي باشقۇرۇش ئىشلىرىنى بىۋاستە ئۆتكۈزىۋېلىش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بولىدۇ.
بۇ مۇرەككەپ پىلان بويىچە تەشكىللەش ئىشلىرىنىڭ ئىنتايىن تەرتىپلىك كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن شىتاپتىكى بىر قانچە شىرىكىمۇ قاتتىق ئىشەنچ بىلەن بۇ ئىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇلاردىن ئۇربان تيېرش ئىسىملىك ياش بىر لىتېنانت ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: “ئۇنىڭ تېلېفون بېرىۋاتقاندىكى كەسكىنلىكىنى كۆرسىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭغا تولۇق قايىل بولىسىز! ئۇنىڭ بەرگەن بۇيرۇقلىرى ھەم ئىخچام ھەم خاتاسىز ئىدى. مۇھىم كىشىلەرگە قارىتا بەكلا ئەدەپلىك ۋە تەبىئىي يېقىملىق مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تېزگىنىدە تۇتالايتتى.”
ستاۋفېنبېرگكە پۇرسەت كېلىدۇ: 11-ئىيۇل كۈنى، تولۇقلىما ئەسكەرلەر مەسىلىسىدە دوكلات ئالماقچى بولۇپ ھىتلېر ئۇنى قوبۇل قىلماقچى بولىدۇ. ستاۋفېنبېرگ بىر مۇنچە ھۈججەت بىلەن بىرگە يەنە ئەنگلىيەدە ئىشلەنگەن پارتلاتقۇچتىن بىرنى سومكىسىغا سېلىپ بېرگخوفقا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئەمما كۈتۈلمىگەندە، ھىملېر بۇ يىغىن زالىدا كۆرۈنمەيتتى. شۇڭا ئۇ بىر باھانە بىلەن بېندلېر كوچىسى بېرلىن ھايۋانات باغچىسى يېنىدىكى باش شىتاپ بىناسىغا تېلېفون قىلىدۇ: “ئىجرا قىلايلىمۇ ياكى بولدى قىلايلى؟” دەپ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەركىزى ئىشخانا مۇدىرى گېنېرال ئولبرىچتتىن سورايدۇ. شۇنداقتىمۇ ھىتلېر بىلەن گيۆرىڭ ئىككىسىنى تەڭ پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈشكە پۇرسەت بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ئولبرىچت ئۇنىڭغا ئۈچىسىنى بىرلا ۋاقىتتا پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈش پۇرسىتىنى كۈتەيلى دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
ئارىدىن 4 كۈن ئۆتۈپ ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىملىق پۇرسەت كېلىدۇ. ستاۋفېنبېرگ بۇيرۇق بويىچە يەنە بىر قېتىم ھىتلېر بىلەن كۆرۈشۈشكە بارىدۇ. بۇ چاغدا ھىتلېر قۇماندانلىق شىتابىنى “بۆرە ئىنى” غا يۆتكەپ كەتكەن ئىدى. پولكوۋنىك ئۇ يەرگە پارتلاتقۇچىنى يېنىغا ئېلىپ يېتىپ بارىدۇ. بۇ قېتىم سۈيىقەستچىلەر بۇ ئىشنى چوقۇم پۈتتۈرىمىز دېگەن غەيرەتكە كەلگەن ئىدى: شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دا، يەنى يىغىندىن ئىككى سائەت بۇرۇن، گېنېرال ئولبرىچت “پەرىزات − ۋالكۈيېر” ھەرىكىتى پىلانىنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىنى بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يىغىن پەيتىدىلا زاپاس قىسىملار بىلەن ئەتراپتىكى ماشىنلاشقان ھەربى مەكتەپنىڭ تانكىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ چۈشتىن كېيىنگىچە قىسىملارنى پايتەختكە كىرگۈزۈشكە تەل قىلىپ تۇرىدۇ.
يىغىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە باشلىنىدۇ. ستاۋفېنبېرگمۇ ھىتلېرغا قىسقىچە دوكلات بەرگەندىن كېيىن، دەرھال چىقىپ بېندلېر كوچىسىغا تېلېفون قىلىپ793 شىتاپتىكىلەرگە ھىتلېرنىڭ يىغىندا ئىكەنلىكىدىن مەلۇمات بېرىپ بولۇپ پارتلاتقۇچنى قۇراشتۇرۇپ ۋاقىت تېزگىنىنى باشلىتىش ئۈچۈن ياندىكى بىر ئىشخانىغا كىرىدۇ. ئەمما ئۇ بومبىنى قۇراشتۇرۇپ چىقىپ يىغىن زالىغا قارىسا ھىتلېر مەلۇم سەۋەپ بىلەن يىغىندىن بالدۇرلا چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ. 15 مىنوتتەك ۋاقىت ئۆتكەندە ستاۋفېنبېرگ قايتا بىر باھانە كۆرسىتىپ بۇ ئىشنى بېرلىندىكىلەرگە ئۇقتۇرىدۇ. بۇ چاغدا سائەتمۇ بىر يېرىمگە يېقىنلاشقان، قىسىملار بېرلىنغا كىرىشكە باشلىغان ئىدى. ئولبرىچت دەرھال بۇيرۇق بېرىپ پەرىزات ھەرىكىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن دەپ ئۇقتۇرىدۇ. قىسىملارمۇ ئۈن-تۈنسىز گازارمىغا قايتىپ كېتىشىدۇ.
بۇ يېقىندىكى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلەر بەزى سۈيىقەستچىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرپ ئىككىلەندۈرۈپ قويىدۇ. ئەمما ستاۋفېنبېرگ يەنىلا قەتئى ئىرادىسىدىن يانمايدۇ. ئۇ، بىر قانچە ياش كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋانسىدىكى ئۆيىدە سۈيىقەست پىلانى ئۈستىدە قايتا مۇزاكىرە قىلىدۇ. فرانسىيەدىكى روممېل-سپېيدېل گۇروھىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ئالاقىچى، ستاۋفېنبېرگنىڭ نەۋرە ئىنىسى ھەممىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىدىغان بىر خەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. بۇ خەۋەردە، ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى يېقىندا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سەپلىرىنى بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى، روممېلمۇ رۇندستېدتنىڭ ئورنىغا كەلگەن مارشال ۋون كلۇگ ھەر قانداق ھەرىكەت قوللىنىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇلارنىڭ پىلانىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئەپسۇسكى تەغدىر يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرغا چىقىپ بۇ ئىشلارغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ: ئەتىسى، ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا بومباردىمانىدا روممېلنىڭ پىكاۋىغا سىنارىيەت تىگىپ پاچاقلىنىپ كېتىدۇ، روممېلمۇ ئېغىر يارىلىنىدۇ.
پۈتۈنلەي دېگىدەك يېڭىلانغان“بۆرە ئىنى” غا قايتقان ئوفىتسېرلار بۇ يەرنى پەقەتلا تونىيالماي قالىدۇ. بۇرۇنقى پاكار-پاكار ئاكوپلار سۆكۈپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىگىز-ئىگىز بېتون بىنالار سېلىنغان، ئۆگزىلىرىمۇ چىم يېيىتىلىپ نىقاپلانغان ئىدى. ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا ھىتلېر كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بۇ يېڭى ئىستىھكام ئىچىدە تۇراتتى. چۇنكى بۇ يېڭى بىتون بىنالار بۇرۇنقى ياغاچ ئۆيلەرگە قارىغاندا كۆپ سالقىن ئىدى. “ئۇنىڭ مىجەزى بەكلا ناچار ئىدى، − دەيدۇ تراۋدل جيۇڭ كېيىن ئەسلەپ كېلىپ، − پات-پاتلا بېشىم ئاغرىيدۇ، ئۇخلىيالمايۋاتىمەن دەيتتى.” ئاديۇتانتلىرى كۆڭلىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى مېھمانلىرىنىڭ يېنىغا باشلاپ كىرەتتى. بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەكلا كۆپ ئېچىدىغان بولىۋالغان خوفمانمۇ ئۇنى زىرىكتۈرىۋېتىدۇ، ئەمما بىناكارلىق پروفېسسورى گيېسلېر دائىم ئىنتايىن نازۇك بىنا مودېللىرىنى ياساپ بېرىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بۇنداق تومۇز ئىسسىق كۈنلەردە ھىتلېرنىڭ مىجەزى بەكلا ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىگە قارىماي يەنىلا خۇشال كۆرۈنۈشكە تىرىشاتتى. ئۇ گيۆبېلسقا تارىخنىڭ سائەت ئىستىرىلكىسى پات يېقىندا بۇ تەرەپكە قاراپ قايىدۇ، يەنى گېرمانىيەگە پايدىلىق تەرەپكە قاراپ قېيىشقا باشلايدۇ، دەيدۇ. بۇ كۈنلەردە گيۆبېلس قايتىدىن تاماكا چېكىشنى باشلىۋېلىپ، تىنجىتىش دورىلىرى بىلەن ئۇيقىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە ئىدى.
5
18-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن، “بۆرە ئىنى” دىن بۇيرۇق كېلىپ ستاۋفېنبېرگنى ئىككى كۈن ئىچىدە دوكلات قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھىتلېرغا بېرىدىغان مەلۇماتىنىڭ مەزمۇنى شەرق سېپىگە قانچىلىك زاپاس قوشۇن ئېۋەرتەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئىدى. شەرقى ئۇرۇش سېپىنىڭ ئوتتۇرا فرونتلىرىدا يېقىندا ئىككى قاناتتىن ئىلگىرلەش بويىچە پىلان تۈزۈلۈپ ئۇرۇش قىلغان بولسىمۇ مەغلوپ بولۇپ پۈتۈنلەي تارمار قىلىنىش گىرداۋىغا كېلىپ قالغان ئىدى. ستاۋفېنبېرگ 19-چىسىلا، كۈن بويى بېندلېر كوچىسىدىكى ئىشخانىسىدىن چىقماي ئاخىرقى تەييارلىق ئىشلىرىنى پۈتتۈرىدۇ. چۈشتىن كېيىن، ئۇ سۈيىقەستچىلەر بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىن ئاچىدۇ. ئۇلار ئالدىراش ئەتىسى قىلىدىغان ھەرىكەت پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛ ھەممەيلەن بىرلىكتە ئاساسلىق ئۇچۇرلار ئالدىن بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئېغىزچە تارقىتىلىشىنى بېكىتىدۇ. تېلېفون ياكى تېلېگراممىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلسە چوقۇم شىفىرلىق بولىشى، شۇنىڭدەك، پۈتۈن تېلېفون سىستېمىلىرى گېستاپو تەرىپىدىن ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم مۇھىم ئەھۋاللارنى يەتكۈزۈشتىلا قوللىنىش كېرەكلىكى بېكىتىلىدۇ.794
گېستاپو، ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىنى ئوغۇرلۇقچە تىڭشاپ يۈرگەنلىكىدىن سۈيىقەستچىلەرنىڭ ھەممىسىلا خەۋەردار ئىدى. چۇنكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم كىشىلەر، بېرلىننى باشقۇرىۋاتقان گېستاپونىڭ مۇھىم ئىشخانىلىرىدىكى ئېس-ئېس گېنېراللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان گېستاپودىن كەلگەن ئەمەلدارلار ئىدى. ئەسلىدە، پۈتكۈل ئېس-ئېس ئىچىدە ھىتلېرگە قارشى بەكلا ئېغىر قاراشلار پەيدا بولغان ئىدى. ئالايلۇق، گېنېرال فېلىكس ستېينېرمۇ يۈرەكلىك ھالدا فۈھرېرنى بۇلاپ قېچىش پىلانىدىن بىرنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ ئىش ئوڭۇشلۇق بولغىنىدا “ھىتلېر روھىي بىنورىمال ھالغا كېلىپ قالغان” دەپ ئېلان قىلماقچى بولغان. تېخى يېقىندىلا، ئۇ يەنە باشقا قۇراللىق ئېس-ئېس قۇماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە ، ھىتلېرغا قارشى ھەر قانداق بىر قوزغىلاڭنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ روممېلغا ۋەدە بېرىشكەن ئىدى. ھەتتا ئېس-ئېس ئامانلىق باشقارمىسىدىكىلەر ئىچىدىمۇ ئىسيان كۆتۈرۈش روھى يامىرىماقتا ئىدى. گېرمانىيىنىڭ مەۋجۇت بولىشىنى كۆزلەپ چەتئەل ئاخبارات باشقارما مۇدىرى بولغان شېللېنبېرگمۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيە سۇيىقەستچىلىرىگە ئوخشاش ھىتلېردىن تېزلىكتە قۇتۇلۇش خىيالىغا كەلگەن ئىدى. 1942-يىلى ئاخىرىدا، ئۇ، ھىملېرنى غەرپ بىلەن سۆھبەتلىشىش پىلانى ئۈچۈن ئۈندەپ باققان بولۇپ، ئەگەر زۆرۈر تېپىلغاندا ھىتلېردىن يۈز ئۆرۈش بەدىلىگە بولسىمۇ بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئېيتقان ئىدى. ھىملېرنىڭ ماقۇللىشى بىلەن، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ھەرىكەتنىڭ ئەزاسى بولغان كارل لاڭبېھىن ئىسىملىك بىر مەمورى ئەمەلدار ستوھكلۇمدا ئەنگلىيە-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ تىنچلىق سۆھبىتى ئېھتىمالى ھەققىدە مۇھاكىمىلەردە بولغان؛ شۇندىن كېيىن ئۇ يەنە بېرنغا بېرىپ ئامېرىكا ستراتىگىيەلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ شىۋىتسارىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئاللېن دوللېسنىڭ ياردەمچىسى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ كىشى ئەسلىدە گېرمانىيەدە تۇراتتى. بۇ چاغدا، پۈتۈن ئىشلار بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. گېستاپو تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ بىر تېلېگرامما نۇسخىسىنى قولغا چۈشۈرۈپ شىفىرىنى يىشىۋالىدۇ. شۇ ئارقىلىق “ھىملېرنىڭ ئادۋۇكاتى” نىڭ تىنچلىق سۈھبىتى مەسىلىسى ئۈچۈن شىۋىتسىيەگە كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ. گېستاپودىكىلەر بۇ تېلېگراممىنى ھىتلېرغا تاپشۇرىدۇ. ھىملېرمۇ ھىتلېرنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىپ، بۇ ئىشتا مەن قارىلاندىم، مەن سىزگە مەڭگۈ سادىق دەپ قەسەم قىلىمەن دەيدۇ. ھىتلېرمۇ ئۇنىڭ دېگىنىگە ئىشىنىدۇ. بەلكىم ھىملېرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ھىتلېر ئۈچۈن بەكلا مۇھىم ئىشلار بولغىنى ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئۆتكۈزىۋەتكەن بولىشى ئېھتىمال. ھىملېر دەرھال لاڭبېھننى قولغا ئېلىپ يىغىۋېلىش لاگىرىغا قامىۋېتىدۇ. شۇندىن كېيىن ئۆزىمۇ خۇجايىنىنىڭ بۇ ئىشلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كولاپ يۈرىشىدىن ئەنسىرەپ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدىكىلەر بىلەن بولغان پۈتۈن مۇناسىۋەتلىرىگە خاتىمە بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتە، شېللېنبېرگ داۋاملىق تۈردە يوشۇرۇن ھەرىكىتىنى داۋام قىلىپ ئامېرىنىڭ ئىسپانىيەدىكى ھەربى خادىمى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ بىرلىكتە ھىتلېرنى بۇلاپ كېتىپ، ئۇنى ئىتتىپاقداشلار ئەللىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىش پىلانىنى تۈزۈشكە كىرىشكەن ئىدى. بۇ سۈيىقەست پىلانى شۇنداق مۇكەممەل تەييارلانغان بىر پىلان ئىدىكى، ئۇنى بىر جاسۇسلۇق رومانى قىلىپ يېزىپ چىقسىمۇ ئەرزىيدىغان بىر پىلان ئىدى.
ئەمما 19-ئىيۇلدا مەيلى شېللېنبېرگ ياكى ھىملېر بولسۇن، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكى مەخپى سۈيىقەستنى ئىشقا ئاشۇرالىشىدىن پەقەتلا خەۋىرى يوقلىقىغا ھەقىقەتەنمۇ ئىشەنمەك تەس ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە مۇتەئەسسىپ ئەمەلدارلار ئارىسىدا، كەسىپ ئالماشتۇرغان ئوفىتسېرلار ئارىسىدا، ئوڭچىل خرىستىيان زىيالىلىرى ئارىسىدا ۋە شۇنىڭدەك سوتسيالىست سىياسىيونلار ئارىسىدا ھەقىقەتەنمۇ قارشى كۈچلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەردار ئىدى. بۇنىڭغا ستاۋفېنبېرگ بىلەن قالغان ياش شىرىكلىرىدىن ھېچكىم گۇمان قىلمايتتى. بىر قانچە ئاي ئىلگىرى شېللېنبېرگ، ھىتلېرنى جىمىقتۇۇشقا بولۇش-بولماسلىقى ھەققىدە ۋىلھېلم ۋۇلفتىن سورىغان. بۇ ئادەم ئېس-ئېس تەرىپىدىن پۇلغا پال باقىدىغان بىر يۇلتۇز پالچىسى ئىدى. ۋۇلف ئۇنىڭغا، “ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش بىلەنلا ۋەزىيەت تەرەققىياتىنى ئۆزگەرتەلمەيسەن. بەكلا كۆپ ئىشلار يۈز بەردى. 20 يىل مابەينىدە مەن ھىتلېرنىڭ يۇلتۇز تەغدىرى ئۈستىدە قايتا-قايتا تەتقىق قىلىپ باقتىم. ئۇنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان. ئېھتىمال ئۇ سۈيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلىشى، شۇنىڭدەك بۇ ۋەقە مۇتلەق تۈردە نىپتون ۋاقتىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا زادىلا ئەقلىم يەتمەيدۇ. بۇ يەردە مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر ئايال باردەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە دۇنيا ئېنىق بىر مەلۇماتقا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدۇ. چۇنكى ھىتلېرنىڭ ئاسمان خەرىتىسىدە نىپتون قالغان ھەمرالارغا قارىغاندا ئەزەلدىن ياخشى يەردە بولماي كېلىۋاتىدۇ.795 شۇنىڭدەك يەنە ئۇنىڭ ئاسمان خەرىتىسىدە نىپتون بەكلا كۈچلۈك ئورۇندا. شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلار پىلانىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە بىر نېمە دېيىش ھەقىقەتەنمۇ تەس.”
19-چىسلا چۈشتىن كېيىن، بېندلېر كوچىسىدا ستاۋفېنبېرگ ئەتىكى ھەرىكىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى تاماملايدۇ. ئۇ شوپۇرىنى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا پوتسدامغا بېرىپ بىر پولكوۋنىكتىن كىچىك بىر چامادان ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇيدۇ. بۇ شوپۇر ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى. ستاۋفېنبېرگ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ، ساندۇقتا بەكلا مۇھىم ئىككى مەخپى پاسولكا بار، ئۇنى ئېھتىيات قىلىپ ئېلىپ كېلىشنى ئالاھىدە جىكىلەيدۇ. شوپۇر ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئاخشىمى بۇ چاماداننى كارىۋىتىنىڭ بېشىغا قويۇپ ئۇخلايدۇ. بۇ چامادان ئىچىدە ئىككى تال پارتلاتقۇچ بار ئىدى.
“بۆرە ئىنى” دا ئاخشىمى چاي ئىچىش ۋاقتىدا ھىتلېرنىڭ كۆڭلى جايىدا ئەمەس، بەكلا جىددىلىشىپ كېتىۋاتاتتى. شرۆدېر خانىم ئۇنىڭدىن، بۈگۈن سىز بەكلا ئەنسىز كۆرۈنىسىزغۇ؟ دەپ سورايدۇ. “بېشىمغا بىرەر ئىش كەلمىسۇن دەپ تىلەيمەن. − دەپ جاۋاب بېرىدۇ ھىتلېر قىسقىلا قىلىپ. بىردەم جىمىپ كەتكەندىن كېيىن، − ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بىرەر ئاۋارىچىلىق يۈز بېرىپ قالغىدەك بولسا بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلىشىم تەس. ئاغرىپ-تارتىپ قالمىساملا بولاتتىغۇ، بۇ كۈنلەردە گېرمانىيە بەكلا مۈشكۈل ئەھۋال ئاستىدا تۇرماقتا، يامان يېرى، ئورنۇمنى ئالغىدەك باشقا بىرەرسىمۇ يوق” دەيدۇ.
1944-يىلى 20-ئىيۇل ئەتىگەن سائەت 6 بولغىنىدا، ستاۋفېنبېرگ ئاپتوموبىلى بىلەن شەھەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. شەھەر ئىچىدە، بىر لېتىنانت ئاديۇتانت بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئىككىسى رانگسدورف ئايرودرومىدا گېنېرال ستيېف بىلەن كۆرۈشۈپ بىرلىكتە ئارقا سەپ تەمىناتىغا مەسئۇل گېنېرالنىڭ ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىغان ئايروپلانغا ئولتۇرىدۇ. سائەت 10 دىن 30 مىنوت ئۆتكەندە، بۇ ئايروپلان راستېنبۇرگ يېقىنىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا كېلىپ قونىدۇ. بۇ ليوتچىك چۈش ۋاقتىدا مېھمانلىرىنى بېرلىنغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن شۇ يەردە كۈتۈپ تۇرۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى.
پىكاپ ئورمانلىق ئىچىدە يېرىم سائەتتەك ماڭغاندىن كېيىن بۇ ئۈچ نەپەر سۈيىقەستچى ئالىي قۇماندانلىق شىتابىنىڭ بىرىنچى توسىقىدىن ئۆتىدۇ. ئۇلار داۋاملىق ئىلگىرلەپ ئىككى مىل مىنا كۆمۈلگەن يەر بىلەن بىر مۇنچە ئىستىھكاملارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ ئىككىنچى توساققا كېلىدۇ. توساقتىن ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار تۆت ئەتراپى توك سىملىرى بىلەن قورشالغان چوڭ بىر قوراغا كىرىپ كېلىدۇ. ئۇ يەردىن يەنە بىرەر مىلدەك ماڭغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئوفىتسېرلار تەكشۈرۈش نوقتىسىغا يېتىپ كېلىدۇ.
ئادەتتىكى تەكشۈرۈشلەردە مۇھاپىزەتچىلەر ئۇلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىنىلا تەكشۈرۈپ باشقا نەرسىلىرىگە قارىمايدۇ. ئۇلار داۋاملىق 200 ياردتەك ماڭغاندىن كېيىن ئۈچىنچى مۇھاپىزەت تېمى ئالدىغا كېلىدۇ. بۇ يەر بىخەتەر A رايونى بولۇپ، بۇ يەر ھىتلېر ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى تۇرىدىغان ۋە خىزمەت قىلىدىغان يەر ئىدى. ئەڭ ئىچكىرىدە بولغان بۇ قورانىڭ تۆت ئەتراپى چېگرا سىملىرى بىلەن قورشالغان بولۇپ، ئېس-ئېس ۋە مەخپى ساقچىلار تەرىپىدىن كېچە-كۈندۈز چارلىنىپ تۇراتتى. بۇ قوراغا كىرىش ئۈچۈن ھەتتا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى بولسىمۇ ھىملېرنىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇدىرىنىڭ ئىمزاسى بولغان ئالاھىدە تونۇشتۇرۇش خېتى بولماي ئىچىگە كىرەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئەمما، ئىچىگە پارتلاتقۇچ بومبا قويۇلغان پارقىراپ تۇرغان ئىش سومكىسى بۇ يەردىمۇ تەكشۈرۈلمەيدۇ. بۇ سومكىنى ستاۋفېنبېرگنىڭ ئاديۇتانتى كۆتۈرۈپ ماڭغان بولۇپ، ئۆزى بىر سومكا ھۈججەتلەرنىلا كۆتۈرۈپ ماڭغان ئىدى. ئۇ قىلچە تەمتىرىمەي ئۇدۇل تاماقخانىغا كىرىپ، بۇ يەرگە مەسئۇل كوماندىر بىلەن بىرگە راھەت ئولتۇرۇپ ناشتا قىلىدۇ. ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بەكلا خاتىرجەم بولۇپ، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىمۇ بەكلا ئەركىن ئىدى. ئاندىن ئۇ ئالىي قۇماندانلىق شىتابىنىڭ ئالاقىلىشىش مۇدىرى گېنېرال فېلگيېبېلنى تاپىدۇ. بۇ ئادەم، پارتلىتىش ئوڭۇشلۇق بولغىنىدا قالغان ئىشلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان كىشى ئىدى. يەنى ئۇ بېرلىندىكى مەخپى سۈيىقەستچىلەرگە ھەرىكەت قىلىش ۋاقتى كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدىغان كىشى ئىدى. ئاندىن ئۇ بارلىق تېلېفون-تېلېگراف ۋە خەۋەرلىشىش ئاپاراتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ “بۆرە ئىنى” نىڭ سىرت بىلەن ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي كېسىۋېتىش ئىشلىرىمۇ يەنە شۇ گېنېرالغا قاراشلىق ئىدى.796
ستاۋفېنبېرگ، فېلگيېبېلدىن پۈتۈن تەييارلىقلار جايىدا ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن ئالىي قۇماندانلىق شىتابىنىڭ يەنە بىر ئوفىتسېرى بىلەن بىردەم-يېرىمدەم مۇڭدىشىدۇ، ئاندىن كېيتېلنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ. بۇ مارشال ئۇنىڭغا بىر ئىشلارغا سەل توسالغۇ بولىدىغان بىر كۆڭۈلسىز خەۋەرنى، يەنى مۇسسولىن چۈشتىن كېيىن كەلمەكچى بولىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ۋەزىيەت مۇھاكىمە يىغىنى يېرىم سائەت بالدۇر، يەنى 30 مىنوتتىن كېيىن ئېچىلىدىغانغا ئۆزگەرتىلگەنلىك خەۋىرىنى بىلدۈرۈپ، فۈھرېر بۇ يەردىن ئىمكان بار بالدۇرىراق ئايرىلىماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ستاۋفېنبېرگنىڭ دەيدىغىنىنى يىغىنچاقلاپ قىسقىچىلا مەلۇمات بېرىپ گېپىنى چاققان تۈگىتىشى كېرەكلىكىنى جىكىلەيدۇ. كېيتېل ئالدىرىغىنىچە سائېتىگە قارىۋېلىپ، سائەت 12 گە 30 مىنوت قالغاندا يىغىن ئۈچۈن ئۇدۇلدىكى گازارمىغا كىرىپ تەييار تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. ستاۋفېنبېرگ، يىغىن يېرىگە يېقىنلاشقىنىدا كېيتېلنىڭ ئاديۇتانتى ئېرنست جون ۋون فرېيېندنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن نەدە قول يۇيۇش يېرى بارلىقىنى سورايدۇ. بۇ ئاديۇتانت ئۇنىڭغا يېقىندىكى بىر ھاجەتخانىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. ستاۋفېنبېرگنىڭ ئاديۇتانتى كارىشناۋاي خۇرۇم ھۈججەت سومكىسىنى تۇتقىنىچە ھاجەتخانا ئالدىدا ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. بۇ ھاجەتخانا پارتلاتقۇچنى قۇراشتۇرۇشقا بەك مۇۋاپىق بىر يەر بولمىغاچقا، ئۇلار ئىككىسى زالغا قايتىپ بېرىپ فرېيېندتىن كىيىم يۆتكەشكە بولغىدەك بىرەر يەر بار-يوقلىقىنى سورايدۇ. فرېيېند ئۇلارنى ئۆز ئىشخانىسىغا باشلاپ قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ. ستاۋفېنبېرگنىڭ بىر بېلى بىلەن ساق قالغان قولىنىڭمۇ ئىككى بارمىقى يوق چولاق ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئامبۇرنى بار بولغان بىردىن-بىر قولىنىڭ 3 تاللا بارمىقى بىلەن سىققىنىچە پارتلاتقۇچ دورىسى ئىچىگە پاتۇرۇلغان، ئىچىدە بىر خىل كىسلاتا توشقۇزۇلغان ئەينەك شىشە بار پىستان چۇكىسىنى قىسىپ ئىزىدۇ. شىشىدىن تۆكۈلگەن كىسلاتا 15 مىنوت ئىچىدە ئىنچىكە تۆمۈر سىمنى ئېرىتىپ ئۈزىۋېتىش بىلەن تەپكە چېقىلىپ پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. يەنە بىر زاپاس بومبىنى ئۇنىڭ ئاديۇتانتى قۇراشتۇرىدۇ.
ئۇلار پارتلاتقۇچلارنى ئېھتىيات بىلەن ھۈججەت سومكىسىغا سېلىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقىنىدا بىر سېرژانت كىرىپ ئۇلارنى ئالدىرىتىدۇ. فرېيېندمۇ زالدا ئۇلارنى ئالدىرتىپ چاقىرىدۇ: “چاققان بولۇڭ ستاۋفېنبېرگ! باشلىقلار سىزنى ساقلاپ قالدى.” ستاۋفېنبېرگ ئىشىنى پۈتتۈرۈپ چىقىۋاتقىنىدا فرېيېند پولكوۋنىكقا ياردەملىشىپ كارىشناۋاي ھۈججەت سومكىسىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىشنى تەكلىپ قىلىۋىدى، ستاۋفېنبېرگمۇ ئۇنى سىلىقلىق بىلەن رەخمەت ئېيتىپ رەت قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ ئىككىسى تار بىر يولدىن يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان گازارمىغا قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ. ئۇلار مۇڭداشقاچ مېڭىپ بىخەتەرلىك قورغىنىنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتى ئالدىغا يېتىپ كېلىدۇ. ئىشىك تۈۋىگە يېقىنلاشقىنىدا، فرېيېند ئۇنىڭدىن، تەكشۈرۈشتە سىزگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن سومكىڭىزنى مەن تۇتۇپ تۇراي، دەپ قايتا تەلەپ قىلىۋىدى، بۇ قېتىم ماقۇل بولۇپ سومكىسىنى ئۇنىڭغا بېرىۋېتىپ، “قۇلىقىم سەل ئېغىرىراقتە، شۇڭا مېنى فۈھرېرنىڭ يېنىغىراق بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرالارسىزمۇ؟” دەپ سورايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ قولىقى ياخشى ئاڭلىمايتتى.
كېيتېل ئۇلارنى كورىدور ئىشىكىدە تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلاپ تۇراتتى. يىغىن باشلىنىپ كەتكەن ئىكەن. كېيتېل ئۇلارنى باشلاپ ئوتتۇردىكى كارىدوردىن ئۆتۈپ تېلېفونخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىچە قوش قاناتلىق ئىشىكتىن يىغىن ئېچىلغان يەرگە كىرىدۇ. يىغىنخانىنىڭ ئوندەك دېرىزىسى بار بولۇپ، چۈش ۋاقتى بەكلا ئىسسىپ كەتكەچكە دېرىزىلەرنىڭ ھەممىسىلا چوڭ ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. يىغىنخانا ئوتتۇرسىدا ئادەتتە خەرىتە يېيىش ئۈچۈن دۇپ ياغىچىدىن ياسالغان ئۇزۇن بىر ئۈستەل قويۇلغان ئىدى. بۇ ئۈستەلنىڭ يۈزى بەكلا قېلىن بولۇپ، توم ياغاچلاردىن ياسالغان ئىككى يۈرۈش پۇت ئۈستىگە قويۇلغان ئىدى. ھىتلېردىن باشقا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بۇ ئۇزۇنچاق ئۈستەلنىڭ ئەتىراپىغا ئولىشىپ تۇرىشاتتى. پەقەت ھىتلېرلا ئۈستەل يېنىغا قويۇلغان بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى. ئۇ ئۈستەلنىڭ ئوتتۇرا تەرىپىدە ئىشىككە كەينىنى قىلىپ ئولتۇراتتى. خەرىتىلەر ئۈستىدە ئۇنىڭ كۆزئەينىكى تۇراتتى. ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان گېنېرال ئادولف خېۋسىنگېر ئەنسىرەش ئىچىدە شەرق ئۇرۇش سېپى ھەققىدە بىر ئۇرۇش خەۋىرىنى ئوقىۋاتقىنىدا، ھىتلېر قولىدىكى چوڭايتقۇچ لېنزىسىنى پېقىرتىپ ئولتۇراتتى. ھىتلېر بۇرۇلۇپ يېڭى كەلگۈچىگە قاراپ ئۇلارنىڭ باش لىڭشىتىپ قىلغان سالىمىغا رەخمىتىنى بىلدۈرگەن بولىدۇ. ستاۋفېنبېرگ ئاستا بېرىپ خېۋسىنگېرنىڭ نېرقى تەرىپىگە ئۆتۈپ، كارىشناۋاي خۇرۇم سومكىسىنى ئىمكان بار ھىتلېرغا يېقىنىراق بىر يەرگە قويۇشقا تىرىشىپ، فۈھرېرگە 6 فۇد يېقىنىدىكى توم ئۈستەل پۇتىغا ئىچىگە قارىتىپ يۆلەپ قويىدۇ.797 دەل شۇ پەيتتە سائەت 12 دىن 37 مىنۇت ئۆتكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. پارتلاتقۇچ يەنە 5 مىنوت ئۆتكەندە پارتلىشى كېرەك ئىدى. ستاۋفېنبېرگ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ خېۋسىنگېرنىڭ سۆزلەۋاتقان مەغلوبىيەت ھىكايىسىنى بىرىلىپ ئاڭلاۋاتقان پەيتتىن پايدىلىنىپ غىپلا قىلىپ يىغخانىدىن چىقىۋالىدۇ. ئۇنىڭ چىقىشىغا ھېچكىم دىققەت قىلمايدۇ. ئۇ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن زالدىن ئۆتۈپ دەرھال بىنادىن چىقىۋالىدۇ.
گەرچە خېۋسىنگېرمۇ ھىتلېرغا قارشى بىرى بولغىنى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر سېپىدىكى بىرسىمۇ ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ، بۇ قېتىمقى پارتلىتىش پىلانىدىن قىلچە خەۋىرى يوق ئىدى. ئۇ، ستاۋفېنبېرگنىڭ كىرگىنىنى كۆرگەن بولسىمۇ، دەرھال بىر ۋەقە چىقىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. چۇنكى، سۈيىقەستچىلەر ئۇنىڭغا كېلەر قېتىم سۈيىقەست قىلىش ۋاقتىدا ئالدىن خەۋەر بىلدۈرۈشكە ۋەدە قىلىشقان ئىدى. ئەمما ستاۋفېنبېرگ خۇرۇم سومكىسىنى ئۈستەل ئاستىغا قويىۋاتقىنىدا ئۇنىڭ ئەقلىدىن “چوقۇم بىر ۋەقە چىقىدۇ!” دېگەن خىيال كېچىدۇ. ھىتلېر پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۇنىڭ سۆزىگە دىققەت قىلىپ ئولتۇراتتى، خېۋسىنگېرمۇ ھېسسىياتلىپ سۆزلەپ تۇراتتى، بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلغان ستاۋفېنبېرگنىڭ كاللىسىدىكى ئەنسىزلىك دەرھال يوقۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاديۇتانتى ئىگىلگىنىچە خەرىتىگە تىكىلىپ قالغان ئىدى. ئەمما بايىقى سومكا ئۇنىڭ پۇتىغا تاقىشىپ ئىچىنى پۇشۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ ئايىقى بىلەن يەردىكى سومكىنى نېرىراق ئىتتىرمەكچى بولسىمۇ سومكا جايىدىن قىمىرلىمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئىگىلىپ سومكىنى ئېلىپ ئۈستەل ئايىقىنىڭ سىرتىغا تىكلەپ قويىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەرزىمەس ھەرىكىتى، تارىخنىڭ ئېقىمىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىشكە سەۋەب بولىدۇ.
ئادمىرال پولكوۋنىك ۋون پۇتكامېر، ھاۋا ئۆتىشىپ تۇرىدىغان پەنجىرە ئالدىغا كېلىپ ھاۋا ئالغاچ ئويلىنىپ قالىدۇ. ئۇ، دېرىزە قىرىغا ئولتۇرغىنىچە، مۇسسولىن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن زىيارەتكە كېلىدىكەن. ئەجىبا چاندۇرماي يىغىندىن ئايرىلىپ بېرىپ ئەڭ ياخشى شىمىمنى يۆتكەپ چىقساممۇ قانداق، دەپ بىر قارارغا كېلەلمەي تۇرۇپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىت، سائەت 12 دىن 41 مىنوت ئۆتكەن بىر ۋاقىت ئىدى. فۈھرېر نېرىدىن ئېگىلىپ خەرىتىگە قاراپ خەرىتە ئىچىگە كىرىپلا كەتكەندەك قىلاتتى. خېۋسىنگېرمۇ “ئەگەر بىز توپكورپۇسىمىزنى پېيپۇس كۆلىدىن چېكىندۈرۈپ چىقمايدىغانلا بولىدىكەنمىز، ئاخىرى چوقۇم تارمار كەلتۈرۈلىدۇ، …” دەپ سۆزلەۋاتاتتى.
سائەت 12 دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇلاقنى يارغىدەك كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى خېۋسىنگېرنىڭ ئاۋازىنى كۆمىۋېتىدۇ. شىددەتلىك ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، دېرىزە ئەينەكلىرى كۈكۈم-تالقان بولۇپ ياغاچ-تاش ۋە سىمونت پارچىلىرى ئەتراپقا مۆلدۈردەك ياغىدۇ. ئۆي ئىچى قۇيۇق ئىس-تۈتەك بىلەن قاپلىنىدۇ. پارتلاش پەيتىدە پۇتكامېرمۇ موسكوللىرىنىڭ غەلىتە بىر شەكىلدە سىلكىنگەنلىكىنى ھېس قىلغاندەك بولىدۇ. ئۇ يېقىلىپ چۈشىۋېتىپ دېرىزى تۈۋىدىكى رادىياتىر قاناتلىرىغا كۆزى چۈشىدۇ-دە كاللىسىدىن چاقماق تېزلىكىدە: “تەڭرىم، رادىياتىر پارتلاپ كەتتى!” دېگەن خىيال كېچىدۇ. ئەمما دەرھاللا بۇ ئويىدىن ۋاز كېچىدۇ: ياق، ھازىر ياز ۋاقتى، بەلكىم قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان چەتئەللىك ئىشلەمچىلەرنىڭ قىلغان ئىشى بۇ! دەپ ئويلايدۇ. ئۇنىڭ بېشى قىيىپ، كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بەلكىم پولغا چاپلىشىپ يېتىۋالغىنىم تۈزۈك دېگەنلەرنى ئويلىيالايدۇ. شۇ چاغدا كىمدۇ بىرسىنىڭ “ئوت كەتتى، ئوت!” دەپ قاتتىق ۋارقىرىشىنى ئاڭلاپ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە ئۆزىنى ئاتىدۇ. ئىشىك قاناتلىرى يۇلۇنۇپ يەردە ياتاتتى. شۇڭا ئۇ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتىدۇ. شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ كاللىسىغا باشقىلار نەدە؟ دېگەن خىيال كېلىدۇ. ئۇ دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ فۈھرېرنى ئاختۇرىدۇ. دەل شۇ پەيتتە ھىتلېر بىلەن كېيتېل ئىككىسى ئىشىككە قاراپ كېلىۋاتاتتى. فۈھرېرنىڭ يۈز-كۆزى ئىس-تۈتەكتە قارىيىپ كەتكەن، بۇرۇلكىسىمۇ پارتلاشتا تىتىلىپ ساق يېرى قالمىغان ئىدى. ئۇلار ئىككىسىلا ئۈستى-بېشى توپا-چاڭغا مىلەنگەن ئىدى. ئۇ ئىككىسى خۇددى جۆيۈلۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن بىرسىدەك دەلدەڭشىگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇ چاغدىلا پۇتكامېر بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى نەپەسلىنىشنى بۇغۇپ قويىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۆيدىكى ھاۋا ئاچچىق پۇراپ بۇرۇننى ئېچىشتۇرىۋەتكەچكە، ئۇمۇ ھىتلېر بىلەن كېيتېلنىڭ كەينىدىن ئۇزۇن كەتكەن كورىدور ئىچىدىن تالاغا قاراپ ماڭىدۇ. ئۇ تالاغا چىقىشى بىلەن تەڭ بىر پۇتى ئېگىلىپ تۇرالماي گۈپلا قىلىپ يېقىلىپ چۈشىدۇ. ئۇ ساپ ھاۋانى ئاچ-كۆزلۈك بىلەن ئىچىگە تارتىپ نەپەسلەنگەچ، ھىتلېر بىلەن كېيتېل ئىككىسىنىڭ ئالىي قۇماندانلىق شىتابى جايلاشقان ئىستىھكام تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە كەينىدىن كىمدۇ بىرسىنىڭ ئۇلارغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
ئېس-ئېس ئاديۇتانتى گۈنشنىڭ قۇلاق پەردىسى يىرتىلىپ كەتكەچكە پارتلاش ئاۋازىنىمۇ تۇيماي قالغان ئىدى. ئۇنىڭ پىشانىسىدىن قان تامچىلاپ تۇراتتى، قاشلىرىمۇ كۆيۈپ كەتكەن ئىدى. ئۆي ئىچى ئىس-تۈتەككە تولغان بولۇپ، ھېچ نېمىنى كۆرگىلى بولمايتتى؛ پولمۇ تىتىلىپ 3 فۇدتەك كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئىدى. “فۈھرېر نەدە؟” ئۇ، ھەربىيلەردە بولىدىغان ئىستىخىيىلىك ھەرىكەت بىلەن دەرھال تىتىلىپ كەتكەن بىر دېرىزىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ گازارما تەرەپكە قاراپ چېپىپ كېتىدۇ.798 ئۇ يەرگە يېتىپ بارغىنىدا كېيتېل بىلەن ھىتلېر ئىككىسىنىڭ گازارما ئىستىھكامىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. فۈھرېرنىڭ بۇرۇلكىسى تىتىلىپ ساق يېرى قالمىغانلىقىنى، چېچىمۇ چۇۋۇلۇپ پاخپىيىپ كەتكەنلىكىنى، شۇنىڭغا قارىماي ئۇچىسىدا بىرەر قان ئىزى يوقلىقىنى كۆرىدۇ. گۈنش ئۇنى يېتىلىگىنىچە تار يولدىن كىتىۋاتقىنىدا ھىتلېر ئۇنىڭدىن “نېمە ۋەقە بۇ؟ رۇسلارنىڭ ئايروپلانى بومبا تاشلىغانمۇ قانداق؟” دەپ سورايدۇ.
ستاۋفېنبېرگ يىغىن زالىدىن ئايرىپ يۈگۈرگىنىچە ئالىي قۇماندانلىق شىتابىنىڭ خەۋەرلىشىش ئورنى جايلاشقان 88-نومۇرلۇق يەر ئاستى ئىستىھكامىغا كىرىدۇ. ئۇ گېنېرال فېلگيېبېل بىلەن بىرلىكتە سىرتقا چىقىپ بومبىنىڭ پارتلىشىنى كۈتىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئىككىسى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئادەتتىكىچە پاراڭلىشىۋاتقاندەك كۆرۈنۈش بېرىشكە تىرىشاتتى. قۇماندانلىق شىتابىنىڭ بىر نەپەر ئالاقىچى ئوفىتسېرى كېلىپ ستاۋفېنبېرگنىڭ ماشىنىسى تەييار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ. ئاندىن قۇماندان ئۇنى بىرلىكتە چۈشلۈك تاماق يېيىش ئۈچۈن كۈتىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىدۇ. ستاۋفېنبېرگ ئۇنىڭغا، خەۋىرىم بار، ئەمما مەن ئاۋال يىغىنغا قايتىپ كىرىشىم كېرەك دەپ تۇرغىنىدا، قاتتىق پارتلاش ئاۋازى كېلىدۇ.
“بۇ نېمە ۋەقە؟!” دەپ ۋارقىرىۋېتىدۇ فېلگيېبېل. ئالاقىچى ئوفىتسېر قىلچە ھەيرانلىق ھېس قىلمىغان ھالدا، بەلكىم بىرەر ھايۋان يەنە شۇ كۆمۈلگەن مىنالاردىن بىرىنى دەسسىۋالدى ھەقىچان دەپ خاتىرجەم جاۋاب بېرىدۇ. ستاۋفېنبېرگ بولسا بايىقى دېگىنىدىن يېنىۋېلىپ، بولدىلا، مەنمۇ يىغىنغا كىرمەي ئۇدۇل قۇماندانىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ چۈشلۈك تاماق يەي، دېگىنىچە، فېلگيېبېل بىلەن چاندۇرماي كۆز ئىشارىتى بىلەن خەيرلىشىدۇ. ئاندىن ئاديۇتانت بىلەن بىرلىكتە ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كېتىپ قالىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي بىرىنچى توساققا كېلىدۇ. شوپۇر ماشىنىنى تەكشۈرۈش نوقتىسىدا توختىتىدۇ (شوپۇر، ستاۋفېنبېرگنىڭ شەپكىسىز، بېلىدە كەمىرىنىڭمۇ يوقلىقىدىن ھېچنېمىنى ئاڭىرالماي ھەيران ئىدى). مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىشى ھامان دەرۋازىنى تاقىۋالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ دەرۋازىنى ئېچىشقا ئۇنىمايدۇ. ستاۋفېنبېرگ گەپمۇ قىلماي دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ كۈزەتچى بوتكىسىغا كىرىپ بۇرۇندىن تونىشىدىغان نۆۋەتچى لېتىنانتقا تېلېفون قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. ئاندىن تېلېفون نومۇرىنى چۆرىگەندىن كېيىن تۈۋەن ئاۋازدا بىر نېمىلەر دەپ بولۇپلا تروپكىنى قويۇپ خاتىرجەم بىر شەكىلدە “لېيتىنات، مېنىڭ چىقىشىمغا رۇخسەت قىلىندى” دەيدۇ. پوستتىكى ئەسكەرمۇ ئارتۇق بىر نېمە دېيىشكە جۈرئەت قىلالماي توساقنى ئېچىپ ئۇلارغا يول بېرىدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت 12 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە ستاۋفېنبېرگ ھەمرايى بىلەن بىرلىكتە بۇ توساقتىن ئۆتىۋالىدۇ.
ئارىدىن 90 سېكۇنت ئۆتمەيلا، ئىچكىرىسىدىن جىددى سېگنال ئاۋازى كېلىدۇ. بۇ سېگنالدىن كېيىن ستاۋفېنبېرگ يەنە بىر توساقتا ئۇ يەردىكىلەرنى گەپ بىلەن قايىل قىلالمايدۇ. ھەر قانچە دېسىمۇ مۇھاپىزەتچىلەر باتالىيونىنىڭ بىرىنچى سېرژانتنى ئىشىكتىن بىرمۇ ماشىنىنى چىقارتمايمەن دەپ قەتئى چىڭ تۇرىۋالىدۇ. ئامال يوق، ستاۋفېنبېرگ يەنە بىر قېتىم تېلېفون بېرىدۇ. بۇ قېتىم، ئۇنىڭ بىلەن قۇمانداننىڭ ئاديۇتانتى سۆزلەشكەن ئىدى. “مەن پولكوۋنىك كونت ستاۋفېنبېرگ بولىمەن. − دەيدۇ ترۇپكىغا، − مەن سىزگە جەنۇبى تەكشۈرۈش نوقتىسىدىن تېلېفون قىلىۋاتىمەن. ئەتىگەن ئىككىمىز بىرلىكتە ناشتا قىلغان ئىدۇق، ئەسلىيەلىدىڭىزمۇ كاپىتان؟ پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلاپ مۇھاپىزەتچىلەر مېنى سىرتقا چىقىشىمغا رۇخسەت قىلمايۋاتىدۇ. بەكلا جىددىي ئىشىم بار، دەرھال چىقمىسام بولمايتتى. − دەيدۇ. ئاندىن ئۇ يەنە بىر يالغاننى توقۇيدۇ. − گېنېرال فروم ئايرودرومدا مېنى كۈتۈپ قالدى.” ئاندىن ئۇ ئالدىراش تروپكىنى جايىغا قويىدۇ. “چىقىشىمغا قوشۇلدى، ئاڭلىغانسەن بىرىنچى سېرژانت؟” دەيدۇ. ئەمما بۇ سېرژانت بۇنىڭدىن قورقۇپ قالىدىغاندەك ئەمەس، دەرھال بېرىپ ئۇمۇ تېلېفون قىلىپ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ. ستاۋفېنبېرگ، خۇداغا شۈكرى دېگىنىچە چوڭقۇر بىرنى تىنىۋالىدۇ.
ستاۋفېنبېرگ بىلەن ئاديۇتانتى ئىككىسى ماشىنىلىق “ھېينكېل III” تىپلىق ئايروپلاننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگىنىدە ۋاقىتمۇ چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يېرىم بولغان ئىدى. ئۇلار دەرھال ھاۋاغا كۆتۈرىلىيدۇ. ئەندى ئۇلارنىڭ ئالدىدا 3 سائەتلىك ئۇچۇش مۇساپىسى قالغان ئىدى. ئايروپلاندىكى رادىئونىڭ بېرلىن رادىئوسىنى تارتىدىغان دولقۇنى بولمىغاچقا، ستاۋفېنبېرگ بۇ ۋاقىت ئىچىدە غەم بىلەن خىيال سۈرۈشتىن باشقا قىلغىدەك ئىشىمۇ يوقتى: فېلگيېبېل، بېندلېر كوچىسىدىكى سۈيىقەستچىلەرگە خەۋەر قىلالىغانمىدۇ؟799 ئەگەر خەۋەر يەتكۈزۈلگەن بولسا، ئۇ يەردىكىلەر پايتەختنى تارتىپ ئېلىشقا جاسارەت قىلالىغانمىدۇ، ئالدىن تەييارلانغان تېلېگرامما تېكىستىنى ئىككى سەپتىكى ھەر قايسى قۇماندانلىق شىتاپلىرىغا يوللىيالىغانمىدۇ؟
ئەگەر ئۈستەل تېگىدىكى خۇرۇم سومكا ئۈستەل پۇتىنىڭ كەينى تەرىپىگە يۆتكىۋېتىلمىگەن بولسا، بۇ چاققىچە ھىتلېرنىڭ ئامان قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. خۇددى شۇنىڭدەك، فۈھرېرنىڭ تەلىيىگە ئۇنىڭ ئولتۇرغان يېرىمۇ كەينىدە تار ھەم ئۇزۇن كارىدورغا ئېچىلغان ئىشىككە ئۇدۇل بولۇپ، پارتلاش پەيدا قىلغان زەربە دولقۇنى ئۇ كارىدور ئارقىلىق تارقىلىپ زەربىسى بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ تەلەيلىك ئىدى، ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمىگىدەك تەلەيلىك ئادولف ھىتلېر، يەنە بىر قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى.
پارتلاشتىن كېيىن نەچچە مىنوت ئۆتمەيلا سەھىيە خادىملىرى بىلەن قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئىشقا كىرىشىدۇ. ئېغىر يارىلانغانلار دەرھال قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ياتقۇزۇلۇپ راستېنبۇرگ قۇرۇقلۇق ئارمىيە گوسپىتالىغا يولغا سېلىنىدۇ. بىرىنچى بولۇپ فۈھرېرنى داۋالىغان كىشى ئۇنىڭ شەخسى دوختۇرى خانسكارل ۋون ھاسسېلباخ ئىدى. ئۇ، ھىتلېرنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ لېنتا بىلەن ئوڭ قولىنى بوينىغا ئېسىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ مۆرىسى قاتتىق زەدىلەنگەن ئىدى. “ئەندى بىلدىم بۇ مەخلۇقلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى! − دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ ھىتلېر خاپا بولۇشنىڭ ئورنىغا خۇشال ھالدا، − ئەندى ئۇلارغا قانداق قىلىدىغانلىقىمنى كۆرسىتىپ قويىمەن!”
دوختۇر موللېرمۇ يېتىپ كېلىپ ھىتلېرنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تەكشۈرۈپ بولۇپ بىر تال ئوكۇل سالىدۇ. ئۇنىڭ بىمارى قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولۇپ، تىنماي بىر گەپنىلا تەكرارلايتتى: “ئويلاپ بېقىڭلارچۇ، ماڭا ھېچ نېمە بولمىدى، نېمە ئۈچۈنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟” ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشى نورىمال بولۇپ، دوختۇر موللېر بۇنىڭدىن بەكلا ھەيران ئىدى. ئۈچ نەپەر كاتىب يۈگۈرۈشكىنىچە كىرىپ، ھىتلېرنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. ئۇنىڭ چاچلىرى خۇددى توڭگۇز يايلىسىغا ئوخشاش تىك تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن تراۋدل جيۇڭ كۈلىۋېتىشتىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ تۇراتتى. ھىتلېر ئۇلارغا سول قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ سالام قىلىدۇ. “خانىملار، كۆرىۋاتىسىلەر، − دەيدۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە، − قاراڭلار، مەن يەنە بىر قېتىم ساق چىقتىم. دېمەككى، تەغدىر مېنىڭ ئىشلىرىمنى پۈتتۈرۈشۈمنى ئورۇنلاشتۇرغان. بولمىسا ئاللىمۇقاچان ئۆلگەن بولاتتىم. ئۇ قۇمدەك گەپ قىلاتتى، بۇ قېتىمقى سۈيىقەستنى قايسى بىر “قورقۇنچاق” قىلغان، چوقۇم شۇ ھېلىقى قۇرۇلۇش ئىشچىسى قىلغان ئىش دەپ كېلىپ، “ئۇلاردىن باشقا بىرەرسىنىڭ بۇنداق بىر ئىشنى قىلالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنمەيمەن” دەيدۇ ئاۋازىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈپ، ئاندىن بورمانغا بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن راس شۇنداقلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بورمانمۇ ئادىتى بويىچە ماقۇل دەپ باش لىڭشىتىدۇ.
كەينىدىنلا ئۇنى تەبرىكلەپ ھىملېر كىرىدۇ. ئۇمۇ ھىتلېرغا ئوخشاش، دېگىنىڭىز توغرا، ئۇ قۇرۇلۇش ئىشچىسى پارتلاتقۇچنى تام ئىچىگە جايلاشتۇرىۋەتكەن گەپ، دەيدۇ. ئەمما بۇ ئىشنىڭ يىپ ئۇچىنى تېپىپ چىققان كىشى يەنىلا كەسىپ ئەھلى بولمىغان باشقا بىرى بولۇپ چىقىدۇ. لىنگ ئىسىملىك بىر خىزمەتچى يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان گازارمىغا بېرىپ تېلېفونلارنى باشقۇرىدىغان بۆلۈمدىكى بىر سېرژانتتىن بىلىشىچە ستاۋفېنبېرگ ئۇ يەردە بېرلىندىن كېلىدىغان جىددى تېلېپون ساقلىغان ئىكەن. كېيىن، كىمدۇ بىرسى پولكوۋنىك ستاۋفېنبېرگنىڭ بىر خۇرۇم سومكىنى ئۈستەل ئاستىغا قويۇپ قويغانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ. ئۇلار شۇ ھامات ئايرودرومغا تېلېفون قىلىپ، ستاۋفېنبېرگنىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن ئۆتكەن ۋاقىتتا ئالدىراش بېرلىنغا قاراپ ئۇچقانلىقىنى ئىسپاتلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھىتلېر، بۇ ئىشنىڭ باش جىنايەتچىسىنىڭ ستاۋفېنبېرگ ئىكەنلىكىدىن قەتئىي گۇمان قىلمايدۇ. ئۇ دەرھال ستاۋفېنبېرگنى قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ.
بىر قاتار ئاجايىپ تەساددىپىلىقلار سەۋەبىدىن تەييارلانغان بۇ بۇيرۇق بېرلىنگە يوللانماي قالىدۇ. پارتلاش يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ھىتلېرنىڭ بىر ئاديۇتانتى باش قۇماندانلىق شىتابى ئالاقىلىشى ئوفىتسېرى بولغان پولكوۋنىك ساندېرغا تېلېفون، تېلېگرافلارنى ئۈزۈپ تاشلاش بۇيرۇقىنى بېرىدۇ. ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن بۇ ئىشنى خەۋەرلىشىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فېلگيېبېلگە دوكلات قىلىدۇ. بىر سۈيىقەستچى سۈپىتىدە ئالىي قۇماندانلىقنى يىتىم قالدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان فېلگيېبېل بۇنداق بىر تەدبىر پۈتۈنلەي توغرا تەدبىر دەپ تەنتەنە بىلەن جاكارلايدۇ. ئەمما بىر قانچە مىنوتتىن كېيىن ھىتلېرنىڭ ساق قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال ئىشخانىسىغا تېلېپون قىلىپ ئۆزىنىڭ شىتاپ باشلىقىغا “بەكلا قورقۇنۇشلۇق بىر ۋەقە يۈز بەردى” دەپ مەلۇمات بېرىدۇ. “فۈھرېر ئۆلمەپتۇ، پۈتۈن ئالاقە يوللىرىنى ئىتىۋەت!” بۇ شىتاپ باشلىقىمۇ بىر يۇشۇرۇن سۈيىقەستچى بولغاچقا، گېنېرالنىڭ كىشىنى ئۈركىتىدىغان بۇ خەۋىرىنىڭ نېمە مەنىگە ئىكەنلىكىنى دەرھال ھېس قىلىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە مىنوت ئۆتمەي ئالىي قۇماندانلىق بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇماندانلىق شىتابىنىڭ ئاساسلىق توك تەقسىملەش ئاپاراتلىرىنى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىدۇ.800 ئالاقىلىشىش يوللىرىنىڭ ئۈزىۋېتىلىشى، بېرلىندىكى يۇشۇرۇن سۈيىقەستچىلەر ئۈچۈن پايتەختنى تارتىپ ئېلىشى ئۈچۈن ۋاقىت يارتىپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي بېرلىندا بېندلېر كوچىسى پۈتۈنلەي قالايماقانلىق ئىچىگە پېتىپ قالغان ئىدى. ئۇ يەردىكىلەر ھىتلېرنىڭ ئۆلۈپ-ئۆلمىگەنلىكىنى بىلەلمىگەچكە، سۈيىقەست باشلىتىدىغان كىشىلەر ۋالكېر ئوپىراتسىيىسىنى باشلىتىشقا ئۇنىماي ھەرىكەت قىلماي جىم بولىۋالىدۇ. “بۆرە ئىنى” دىن كەلگەن خەۋەرلەرمۇ بەكلا مۇجىمەل بولۇپ، ھېچ نېمىنى ئۇققىلى بولمايتتى. شۇڭا ئۇ يەردىكىلەر يەنە بىر قېتىم 15-ئىيۇلدىكىگە ئوخشاش قۇرۇق ۋەھىمە پەيدا قىلىشقا تەۋەككۈل قىلىشتىن قورقۇپ ھەرىكەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
شۇڭا، باش قۇماندانلىق شىتابى بىناسىدا، ھەممەيلەن ستاۋفېنبېرگنىڭ بالدۇرىراق قايتىپ كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. بۇ ۋاقىتتا شتاۋفېنبېرك ئولتۇرغان ئايروپلان تېخىچىلا يېرىم سائەتلىك يىراقتا ئىدى. سۈيىقەست بېشىدىكى داڭقى بار ئەمما ئەمەلىي ھەركىتى يوق ئىككى نەپەر رەھبەر، يەنى گېنېرال بېك بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى ۋون ۋىتزلېبېن، ئەسلىدە ئالدىن تەييارلانغان پىلان بويىچە ئۇختۇرۇش تارقىتىش، بۇيرۇق چۈشۈرۈش بىلەن شوغۇللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە بۇ ئىشنى رادىئودىن ئېلان قىلىپ، ھىتلېرنىڭ زوراۋانلىق ھۈكمۈرانلىقىنىڭ ئاخرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا بۇ ۋاقىتتا بېندلېر كوچىسىدىكى ئورنىغا بارمايدۇ.
بۇنىڭغا بەلكىم ھاۋارايى سەۋەب بولغان بولىشىمۇ ئېھتىمال. ھەقىقەتەنمۇ ھاۋا بەكلا تۇتۇق، بەكلا بۇرۇختۇرمىلىق كۈن بولغان ئىدى. بىر سۈيىقەستچى قاتتىق غەم يىگەن ھالدا، بۈگۈنكى بۇ ھاۋا ئىنقىلاپ قوزغاشقا بەك ئۇيغۇن بىر ھاۋا بولمىدى دېسىمۇ، يەنە بىر قىسىملار فرانسىيەلىكلەرمۇ ئىيۇلدا بۈگۈنكىدەك دىمىنى سىقىدىغان بىر كۈندە باستىل تۈرمىسىگە ھۇجۇم باشلىيالىغان ئىدى دېيىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار فېلگيېبېلنىڭ “بۆرە ئىنى” دىن تېخىمۇ ئېنىق مەلۇمات يوللىشىنى كۈتۈپ ھەرىكەت قىلماي جىم ئولتۇرۇشىدۇ. ئەمما ئۇ يەردىن ھېچ بىر خەۋەر كەلمەي قىممەتلىك ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.
چۈشلۈك تاماقتىن ئىلگىرى، ھىتلېر ئارام ئېلىۋېلىڭ دېگەنگە ئۇنىماي ئۆزى يالغۇز سىرتقا چىقىپ ئايلانغاچ بۇ ئىشتىن گۇمانلانغان قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى بىلەن پاراڭ قىلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئېس-ئېس ئاديۇتانتى ئۇنىڭ كەينىدىن يىراقتىن كۈزۈتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ھەمدە بۇ ئىشتا ئۇ ئىشچىلارنىڭ قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈنلا ئۇلار بىلەن پاراڭ قىلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ يۈرىدۇ دەپ ئويلايدۇ. چۈشلۈك تاماقتا، شرۆدېر خانىم ئۇنىڭ چىرايى بەكلا ياشىرىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ تاماقخانىدىكى ئاددى يالىڭاچ لامپۇچكىنىڭ يۇرۇقىدىمۇ ئۇنىڭ يەنىلا خاتىرجەم كۆرۈنگەن چىرايىغا دىققەت قىلىدۇ. باشقىلار نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىماي تۇرۇپلا ئۇ بولغان ئىشلارنى بىر قۇر تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. “مېنىڭ شۇنچە تەلەيلىك بولىشىمغا راستىنلا ئىشەنگىم كەلمەيدۇ. − دەيدۇ ھىتلېر، يىغىن زالىدىكى ئۈستەل ئايىقىنىڭ ئۇنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ، − قاراڭلار بۇ بۇرۇلكامغا، − ئۇ پارتلاشتا تىتما-تىتما بولۇپ كەتكەن شىمىنى ئېلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ پارتلاش ياغاچ زالدا ئەمەس يەرئاستى يوشۇرۇنۇش ئىستىھكامى ئىچىدە يۈز بەرگەن بولسا ئىدى، يىغىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى پارتلاشتا ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتى. − دەيدۇ. − ھەيرانمەن، ئۇزۇندىن بېرى پەۋقۇلئاددە بىر ۋەقە يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيۇپلا تۇرغان ئىدى.”
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ھىتلېر ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ “بۆرە ئىنى” يېقىنىدىكى كىچىك پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ پالوبىدا مېھمان كۈتىۋېلىشقا تۇرىدۇ. ئاسماننى بۇلۇت قاپلاپ كەتكەن، ئارىلاپ يامغۇرمۇ تامچىلاپ تۇرغان بولىشىغا قارىماي چۈشتىن كېيىنكى دىمىق ئىسسىق ھاۋا يەنىلا سوۋۇمىغان ئىدى. ئۇ شەپكىسىنى تېخىمۇ چۆكۈرۈپ يۈزىنى توساشقا تىرىشىدۇ.
ئۇ، ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك خالاتنى يېپىنچاقلىۋالغان ھالدا كۈتىۋېلىش سۇپىسىدا ئالدى-كەينىگە ماڭغىنىچە مۇسسولىننى پويىزى بىكەتكە كىرگىچە كۈتىدۇ. ئۇنىڭ مېھمىنىمۇ قايتىدىن بىر ئەرۋاھقا ئايلانغان بولۇپ، يېڭىدىن بىر فاشىست ھاكىمىيىتى قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئەمما بۇ جەرياندا ھىتلېرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بەكلا كۆپ ۋەتەن خائىنىنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۈم قىلغان ئىدى.801 ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەتتا ئۆزىنىڭ كۈيئوغلى سىيانومۇ بار ئىدى. فۈھرېرنىڭ خىيالى يەنىلا شۇ بۈگۈن يۈز بەرگەن ۋەقەدە قالغان ئىدى. “باش مىنىستىر، − دەيدۇ سول قولىنى ئۇزارتىپ ھاياجانلانغان ھالدا، − بىر نەچچە سائەت ئاۋال مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ تەلەيگە ئېرىشتىم!” ئۇ مېھمانلىرىنى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى بىر كۆرۈپ قويۇڭلار دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ. 3 مىنوتلۇق يول ئۈستىدە ھىتلېر ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ “ئاۋازى بەكلا ھېسسىياتسىز بولۇپ، خۇددى بۇ ئىش بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك سۆزلەيتتى.”
ئۇ ئىككىسى ئۈن-تۈنسىز پارتلاشتىن قالغان خارابە يىغىن زالىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىدۇ. مۇسسولىن بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرىدۇ. ھىتلېر بولسا ئۇنىڭ يېنىدا بىر يەشىكنى تىكلەپلا ئولتۇرىدۇ. ھىتلېر خۇددى رىم خارابىلىرىنى تونۇشتۇرغۇچى بىر ساياھەت يېتەكچىسىدەك پارتلاش ۋاقتىدىكى ئەھۋالنى ئۇنىڭغا بىرنىمۇ قويماي تولۇق سۆزلەپ بېرىدۇ. مۇسسولىن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران بولۇپ، كۆزىنى تىنماي مۆلدۈرلىتەتتى. ئاندىن ھىتلېر ئۇنىڭغا پارتلاشتا تىتىلىپ كەتكەن ئىشتىنىنى كۆرسىتىپ، بەكلا ئەركىن ھالدا يېڭى كەيگەن بۇ تامبىلىنىڭ يىرتىلىپ كەتكەنلىكىدىن بەكلا كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مۇسسولىن بۇنى ئاڭلاپ ئاچچىق بىر كۈلۈپ قويىدۇ. ئاندىن ھىتلېر ئۇنىڭغا پاتتىڭىنى كۆرسىتىدۇ − ئۇنىڭ دوققىسىدىكى چاچلىرى قۇيقىلىنىپ كەتكەن ئىدى.
مۇسسولىن كۆرۈپ قورقۇپ جان-پېنى چىقىپ كېتىدۇ. ئالىي قۇماندانلىق شىتابىدا قانداقلارچە بۇ خىل ۋەقە يۈز بېرىشى مۇمكىن؟ ھىتلېر قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ باش مىنىستىرغا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى، يەنە بەزىلەر پارتلاشتىن دېرىزىدىن سىرتقا ئېتىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى قايتا-قايتا سۆزلەپ كېتىدۇ. “قارىغىنا بۇ ھەربىي ئۈنفورمىلىرىمغا، قارىغىنا شۇ كۆيگەن يەرلىرىمگە! – ئۇ، ئىلگىرى بىر قانچە قېتىملىق سۈيىقەستلەردىن قانداق ساق چىققانلىقى ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ، − بۈگۈن بۇ يەردە يۈز بەرگىنى بۇ تۈر سۈيىقەستلەرنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسى!” دەپ ۋارقىرايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېلىشى، شۆبھىسىزكى بىر سېگنال ئىكەنلىكىنى، بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇنىڭ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى بۇ قىيىن ئۆتكەلدىنمۇ ساق-سالامەت ئۆتۈپ كېتەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ قىزغىنلىقىدىن تەسىرلەنگەن مۇسسولىنمۇ ھاياجانلىنىپ ئېچىلىشقا باشلايدۇ. “بىز بەكلا ناچار ئەھۋالدا ياشىماقتىمىز. − دەيدۇ مۇسسولىن، − ھەتتا چېكىدىن ئاشقان ئېغىر خەتەر ئىچىدە ياشىماقتىمىز دېسەكمۇ بولىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي بۈگۈن بۇ يەردە يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ماڭىمۇ يېپ-يېڭى بىر مەدەت بولدى.”
ئۇ ئىككىسى پارتلاشتا ۋەيران بولغان يىغىن زالىدىن ئايرىلىپ چىغىر يولدا كېتىۋېتىپ چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ مۇزاكىرە قىلىشىشقا پۈتىشىدۇ. بۇ ئارىدا، ھىتلېر سىم توساقلارنىڭ يېنىغا كېلىپ نېرقى تەرەپتە تۇرغان ئىشچىلار بىلەن يەنە بىر دەم-يېرىمدەم مۇڭدىشىدۇ. ھىتلېر ئۇلارغا، ھە دېگەندىلا سىلەردىن گۇمان قىلىشىمنىڭ راستىنلا قىلچە ئاساسى يوق ئىدى، تەكشۈرۈش خادىملىرى ھەقىقى جىنايەتچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى دەپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىدۇ. چايخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مىجەزى بىردەمدىلا ئۆزگىرىپ خاتىرجەمسىزلىنىپ جىم ئولتۇرالماي قالىدۇ. ئالاقە يوللىرى قىسمەن بولسىمۇ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەچكە، مۇسسولىن بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرغىنىدا گېنېراللىرىدىن كەلگەن تېلېفونىدىن سۆھبىتى پات-پاتلا ئۈزىلىپ تۇرىدۇ. گېنېراللار ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى سىرتتا ئېقىپ يۈرگەن گەپ-سۆزلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلىۋېلىش ئۈچۈن بىردەم-بىردەم تېلېفون قىلىپ ئاۋارە قىلاتتى. بۇنىڭدىن ھىتلېرنىڭ مىجەزى بىراقلا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇ قاتتىق سۈكۈت ئىچىدە قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ تۈرلۈك-تۈمەن گۇمانلار ئىچىگە پېتىپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ ئالدىغا تىكىلگىنىچە ئولتۇرۇپ رەڭلىك دورىلارنى ھە دەپ ئىچەتتى. ئۇ گيۆرىڭ، كېيتېل ۋە رىبېنتروپلارنىڭ ئۆزئارا قىلىشقان تالاش-تارتىشلىرىغا قۇلاقمۇ سالمايتتى − ئۇ ئۈچەيلەن، سېنىڭ خاتالىقىڭ تۈپەيلىدىن گېرمانىيە بۈگۈنكى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى دەپ بىر-بىرىنى ئەيىپلىشەتتى. ئوتتۇرلۇقتا بېرلىننىڭ شىمالىدىكى قۇماندانلىق شىتابىدىن تېخى يېڭىلا يېتىپ كەلگەن ئادمىرال پولكوۋنىك دۆنىتز قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئېسيان كۆتەردى دەپ ئەيىپلىشى بىلەن تەڭ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى يۇشۇرۇن ھۇجۇملار قايتىدىن كۈچىيىپ كېتىدۇ. گيۆرىڭ، دۆنىتزنىڭ بۇ گېپىگە دەرھال قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشى بىلەن تەڭ، دۆنىتز دەرھال نىشانىنى بۇراپ قۇرساق كۆپىكىنى تۆكۈپ ھاۋا ئارمىيىسىنى بەكلا رەھىمسىزلىك قىلدى دەپ ئەيىپلەپ چۈشىدۇ. رىبېنتروپمۇ بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ دەرھال گەپ قىستۇرىدۇ. گيۆرىڭ دەرھال قۇماندانلىق تايىقىنى كۆتۈرۈپ شىلتىغىنىچە گويا ئۇنى ئۇرماقچى بولىۋاتقاندەك قىلىق بىلەن، “ئاغزىڭنى يۇم رىبېنتروپ! مۇنۇ شامپان ئەتكەسچىسىنىڭ دەۋاتقان گېپىنى قارا!” دەپ ۋارقىرىۋىدى، رىبېنتروپمۇ “ئۇنۇتماڭ، مەن يەنىلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمەن، − دەپ ئۇنىڭغا ھۆمۈيىدۇ، − بىلىپ قويۇڭ، مېنىڭ ئىسمىم ۋون رىبېنتروپ!”
سىرتتا يامغۇر باشلىنىدۇ، يامغۇر تامچىلىرى دېرىزە ئەينىكىنى تىنماي ئۇرۇپ تۇراتتى. كىمدۇ بىرى رومنىڭ توپىلاڭ چىقارغانلىقى ھەققىدە گەپ باشلىشى بىلەن، ھىتلېرمۇ گەپكە قوشۇلىدۇ.802 ئۇ ئالدىغا ئېگىلىلگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تەلەيلىك بىرى ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئۇشتۇمتۇت قايناپ سەكرەپ تۇرۇپ كېتىدۇ. “ئۆز ئادەملىرى ئىچىدە يۈرۈپ تۇرۇغلۇق خائىنلىق قىلغانلارنىڭ جېنىغا ۋاي! ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنىمۇ ساق قويماي تىتما-تىتما قىلىۋېتىشىمىز كېرەك!” ئۇ تەھدىت سالغان تون بىلەن قۇلاقنى يارغىدەك ۋارقىرايتتى. “ئۇلارنىڭ ئۇرۇقىنىمۇ قويماي قۇرۇتىشىمىز كېرەك، شۇنداق، قەتئىي تازىلاپ قۇرىتىۋېتىش كېرەك!” ئەمما ئۇ قانچە تېز ئاچچىقلانغان بولسا شۇنچە تېز ئاچچىقىدىن يانىدۇ. ئۇنىڭدىكى قىساس ئوتلىرى پەسكويغا چۈشىشى ھامان دەرھال جىمىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇنۈكلىشىپ تاتىرىپلا كەتكەن ئىدى.
مۇسسولىن، ئىتالىيانلارغا خاس ئۆتكۈر كۈزىتىش ئالاھىدىلىكى بويىچە، ئەندى بۇ جىدەلنى توختىتىش نۆۋىتىنىڭ ئۆزىگە كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ قولىنى ھىتلېرنىڭ قولى ئۈستىگە قويغىنىچە كۈلۈمسىرەپ ئۇنىڭغا قارايدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىلەن فۈھرېرمۇ چوڭقۇر خىيال ئىچىدىن ئۇيغانغاندەك سەگەپ كېتىدۇ. كىمدۇ بىرى تاشقارقى ئىشىكنى ئېچىۋېتىدۇ. ھىتلېر دەرھال بىرسىگە بېرىپ مۇسسولىننىڭ پەلتوسىنى ئېلىپ كېلىشىنى بۇيرۇيدۇ. ئۇ مېھمىنىغا قاراپ ئادەتتە چۈشتىن كېيىن شەرق شامىلى ئۇرۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن قەدىرلىك مېھمىنىگە سوغۇق تېگىپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مۇسسولىنمۇ ئىتالىيانچە: “بۇنداق بىر پەيتتە، ئىتالىيە باش مىنىستىرىگە ھەرگىز سوغۇق تەگمەيدۇ!” دېگەن بولسىمۇ يەنىلا ھەربىي پەلتوسىنى يېپىنچالىۋالىدۇ.
چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 42 مىنوت ئۆتكەندە ستاۋفېنبېرگ ئولتۇرغان ئايروپلان بېرلىن شەھەر سىرتىدىكى بىر ئايرودرومغا كېلىپ قونىدۇ. ئەمما ئايرودرومدا مەيلى ئۇنىڭ دۈشمىنىدىن ياكى دوستلىرىن بولسىمۇ بىرەرسى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقمىغان ئىدى. بۇ بەكلا ھەيران ئىدى. ئۇنىڭ ئاديۇتانتى بېندلېر كوچىسىغا تېلېفون قىلىپ گېنېرال ئولبريېچت بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇنىڭغا شىفىرلىق سۆزلەر بىلەن سۆزلەپ سۈيىقەست مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئەمما ئولبريېچتنىڭ جاۋابى بەكلا مۇجىمەل ئىدى. دېمەككى “ۋالكيېر” ھەرىكىتى تېخى باشلىتىلمىغان ئىدى. ستاۋفېنبېرگ تروپكىنى ئۇنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئالغىنىچە مېنى كۈتمەي دەرھال ھەرىكەت باشلات دەپ ۋارقىرايدۇ. ئاندىن دەرھال ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ بېرلىنغا قاراپ ئاتلىنىدۇ.
بۇ ۋاقىت، چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 50 مىنوت ئۆتكەن ۋاقىت ئىدى. ئولبريېچت شۇ چاغدىلا ھەرىكەت باشلىتىش ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ئارمىيە بېرلىن ھەربىي رايون قۇماندانى گېنېرال كورتزفلېيشقا دەرھال ھەرقايسى مۇھاپىزەتچىلەر باتالىيونلىرىغا، سپانداۋ شەھەر قوغداش رايونىغا ۋە شۇنىڭدەك ئىككى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇراللىق مەشق مەكتىۋىگە ھەربى ھالەت بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىققا ئۆت دەپ بويرۇق بېرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە بۇ پىلانغا قاتناشتۇرۇلمىغان كورتفلېيشقىمۇ بۇيرۇق بويىچە ئىش قىلىشنى ئېيتىدۇ.
ھەرىكەت تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن گېنېرال ئولبريېچت يەنە بىر مەخپى ھەرىكەتچى بولغان بېرلىن شەھەر قوغداش قۇماندانى گېنېرال ۋون ھاسقا ھەربىي ھالەت بۇيرۇقى چىقىرىش ھەققىدە ئۆزى بىۋاستە بۇيرۇق بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇنىڭ قىسىملىرى يولغا چىقىشقا تەييار ھالغا كېلىدۇ. بېرلىن شەھەر سىرتىدىكى قىسىملارمۇ تولۇق تاييار ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ. بېندلېر كوچىسىدىكى مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەرمۇ ھەربى ھالەتكە ئۆتىدۇ. ئولبريېچت مۇھاپىزەتچى باتالىئونىنىڭ باتالىيون كوماندىرىغا ئېغىزچە مۇنداق يوليورۇق بېرىدۇ: ئەگەر ئېس-ئېسچىلار زورلاپ كىرمەكچە بولىدىكەن ئۇلارغا قۇرال كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرۇڭلار. بىر قانچە مىنۇتقا قالماي، يولدىن ئۆتىۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسى بۇيرۇق بويىچە توختىتىلىدۇ. سىرتقا چىقىش بارلىق ئېغىزلىرى قامال قىلىنىدۇ.
ئەسلىدە ئولبريېچت بۇ ئىشلىرى 3 سائەت ئاۋال پۈتتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىشلار ئىدى. ئۇ، گېنېرال فرومنىڭ ئىشخانىسىغا ئۇشتۇمتۇت بېسىپ كىرىپ (فروم بۇ سۈيىقەست ھەرىكىتىگە تولۇق ئارلاشقان ھېسابلانمىسىمۇ، پۈتۈنلەي چەتتە قالغان دېيىشكىمۇ بولمايتتى)، ھىتلېرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، فرومنىڭ زاپاس قىسىملار قۇماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر قايسى ھەربىي رايون قۇماندانلىرىغا “ۋالكيېر ھەرىكىتى” ئۈچۈن ھەربىي ھالەت بۇيرۇقى چۈشۈرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىنى كۆرسىتىشنىلا ئويلايدىغان يامان غەرەزلىك فروم، ئۆتكەن بىر قانچە ئايدىن بېرىقى ئىپادىسىگە ئوخشاش كەسكىن بىر نېمە دېمەي تۇرىۋالىدۇ. ئۇ ئاۋال كېيتېلغا تېلېفون قىلىپ ھىتلېرنىڭ راستىنلا ئۆلگەن-ئۆلمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ بولۇپ ئاندىن قارار بېرىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ.
“ھەممە ئىش خۇددى بۇرۇنقىدەك” دەپ جاۋاب بېرىدۇ كېيتېل چايخانىدىن تېلېفون ئارقىلىق. فروم ئۇنىڭغا يېڭىراقتا بىر دوكلات تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، دوكلاتتا فۈھرېرنىڭ سۈيىقەستتە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى يېزىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كېيتېل قاتتىق قايناپ كېتىدۇ: “پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ. — ديدۇ كېيتېل. شۇنىڭدەك فۈھرېرنىڭ بۇرۇنقىدەك ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى، پەقەت يېنىك يارىلانغانلىقىنىلا ئېيتىپ،803 — ھە راست، سىزنىڭ شىتاپ باشلىقىڭىز ستاۋفېنبېرگ ھازىر نەدە؟” دەپ سورايدۇ. فروم بەكلا ئالاقىزادە بولغان ھالدا ، ئۇ پولكوۋنىك تېخى مېنىڭ ئالدىمغا كەلمىدى، دەپ دەرھال جاۋاب بېرىدۇ. شۇ ئارقىلىق، فروم بۇ سۈيىقەست ھەرىكىتىدىن ۋاز كېچىپ پۈتۈنلەي چەتكە چىققانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.
بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن، ئاساسلىق سۈيىقەستچىلەر ئولبريېچتنىڭ چوڭ ئىشخانىسىغا يىغىلىپ ستاۋفېنبېرگنىڭ كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىدۇ. ئارىدىن بىرسى ستاۋفېنبېرگنىڭ ماشىنىسى قوراغا كىردى! دەپ ئېلان قىلىدۇ. بىر قانچە مىنوتتىن كېيىن پولكوۋنىك روھلۇق بىر شەكىلدە ئىشخانىغا ئالدىراپ كىرىپ كېلىشى بىلەن ھەممە ھاياجانلىنىپ غەيرەتلىنىدۇ. ستاۋفېنبېرگ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى كۆپچىلىككە بىر قۇر بايان قىلىدۇ: قاتتىق گۈمبۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ئوت-يالقۇن ۋە ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلدى. “شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، — دەيدۇ پولكوۋنىك، — ھىتلېر ئۆلدى.” شۇڭا ئۇلارنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەكلىكىنى، ئەندى بىر مىنۇتمۇ ۋاقىتنى زايا قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەگەر ھىتلېر ئۆلمەي قالغىدەك بولغىنىدىمۇ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇنىڭ ھۈكمۈرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىمىز كېرەك دەپ تەكىتلەيدۇ. بېكمۇ ئۇنىڭ بۇ دېگىنىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ستاۋفېنبېرگ، پارىژدىكى گېنېرال ۋون ستۈلپناگېلنىڭ قۇماندانلىق شىتابىدا ئىشلەيدىغان ئىنىسىگە تېلېفون قىلىدۇ. ئۇ ئىنىسىگە پارتلاش ئىشىنى ئېيتقاچ “ھەرىكەت باشلاشنىڭ يولى ئېچىلدى!” دەيدۇ. گېنېرال ستۈلپناگېل بۇ خوشخەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال ھەرىكەتكە ئاتلىنىدۇ. ئۇ، فرانسىيىدىكى يوقۇرى دەرىجىلىك ئاخبارات مەسئۇلىغا، بېرلىن بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش يولىدىن باشقا فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرسىدىكى بارلىق رادىئو-تېلېفون ئالاقىلىرى ئۈزۈپ تاشلانسۇن دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ.
بېندلېر كوچىسىدا، ستاۋفېنبېرگ گېنېرال فرومنى ئۆز تەرىپىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن پۈتۈن ماھارىتىنى ئىشقا سالىدۇ. گېنېرالغا ھىتلېر راستىنلا ئۆلدى دەپ ئۇنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئەمما فروم، كېيتېلنىڭ دېگىنىنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ ھىتلېر ئۆلمىدى دەپ قەتئى چىڭ تۇرىدۇ. “مارشال كېيتېل بۇ قېتىممۇ خۇددى بۇرۇنقىدەك قىپقىزىل يالغان سۆزلەپتۇ، — دەيدۇ شتاۋفېنبېرگ، — مەن ئۇ يەردە كىشىلەرنىڭ ھىتلېرنىڭ ئۈلۈكىنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم” دەپ ئۆزىمۇ قىپقىزىل يالغاندىن بىرنى توقۇيدۇ.
“شۇنىڭغا ئاساسەن، — دەيدۇ ئولبرېيچتمۇ گەپ قىستۇرۇپ، — بىزمۇ ھەر قايسى ھەربىي رايون قۇماندانلىرىغا ئىچكى جەھەتتە ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىش ھەققىدە يوشۇرۇن ئىشارەت قىلىۋەتتۇق.” فروم ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بەدىنى شۇنچە سېمىز بولىشىغا قارىماي، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق چاققان چاققانلىق بىلەن تۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۈستەلگە تايانغىنىچە خۇددى مەشىق مەيدانىدا ئەسكەرلەرگە ۋارقىرىغاندەك قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە، “بۇ قىلغىنىڭ ئېپ-ئېنىق يوقۇرىنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنمىغانلىق. ئېيتقىنا، سەن بۇ يەردە بىز دەپ كىمنى دېمەكچى؟” ئۇ دەرھال بۇيرۇق بېرىپ ۋالكيېر ھەربىي ھالەت بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ستاۋفېنبېرگ ئۇنى ھىتلېرنىڭ راستىنلا ئۆلگەنلىكىگە قايىل قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تىرىشىپ كۆرىدۇ. “ئىشىنىڭ، ئۇ يىغىن زالىدىن بىرىمۇ ساق ئادەم چىقمايدۇ” دەپ ئۇنىڭ بىلەن تالىشىپ باقىدۇ. ئەمما بۇ گەپلەر فرومنىڭ قېتىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ: “ۋون ستاۋفېنبېرگ كونت جانابلىرى، — دەيدۇ گېنېرال، — بۇ قېتىمقى ھەرىكىتىڭلار مەغلوپ بولدى، شۇڭا سىزدىن دەرھال ئۆزىڭىزنى ئېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن.” ستاۋفېنبېرگ تەبىئىكى ئۇنىڭ بۇ تەلىبىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. ئولبرېيچتمۇ فرومدىن ئەگەر ئەندى ھەرىكەتكە ئاتلانمايدىكەنمىز گېرمانىيە مەڭگۈلۈك يوق بولىدۇ دەيدۇ. بۇ چاغدا فروم ئۇنىڭغا بۇرۇلىدۇ: “ئولبرېيچت، بۇ دېمەك، سېنىڭمۇ بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا قېتىلغانلىقىڭنى كۆرسىتەمدۇ؟” دەپ سورايدۇ. “شۇنداق گېنېرال، ئەمما مەن بۇ ھەرىكەتنىڭ سىرتتىن قاتناشقۇچىسىمەن.”
گەۋدىلىك كەلگەن فروم، يەر تېگىدىن ئولبرېيچتقا غەزەپلىك ھۆمۈيىدۇ. “ئۇ ھالدا مەن سىلەر ئۈچىڭلارنى رەسمىي تۈردە قولغا ئالغانلىقىمنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇرمەن.” ئولبرېيچتنىڭ يۈزى شۇ ھامان تاتىرىپ ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن تىكىلىدۇ. “سىز بىزنى قولغا ئالالمايسىز. سىز بەلكىم ھېلىغىچە بىلمىسىڭىز كېرەك، ئەندى سىزدە ھوقۇق يوق. شۇڭا بىز سىزنى قولغا ئالىمىز!” بۇ ئىككى گېنېرال تىل ئۇرۇشىدىن رەسمى مۇشتلىشىشقىچە بېرىپ يېتىدۇ. ستاۋفېنبېرگ بېرىپ ئۇلارنى ئاجرىتىمەن دەپ ئۇمۇ ئېڭىكىگە بىر مۇش يەۋالىدۇ. فروم دېگەن بۇ دېۋىدەك نەرسە، تاپانچىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرگەندىلا ئاندىن بويۇن ئېگىپ جىمىيدۇ. ئۇ قولغا ئېلىنىپ ئايرىم بىر ئۆيگە قاماپ قويۇلىدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت 5 ئەتراپىدا،804 بىنانىڭ ھەر قايسى چوڭ-كىچىك ئىشىكلىرى بىلەن بىنانىڭ كەينىدىكى بومباردىماندا پارتلىتىۋېتىلگەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىگە پوست قويۇلىدۇ. ستاۋفېنبېرگنىڭ ئىمزاسى بولغان كاۋا چېچىكى ساغۇچ كىرىش قەغىزى ئالغانلارلا بۇ بىناغا كىرەلەيتتى. بۇنداق رۇخسەت قەغىزى بولمىغانلار ياكى ئىمزالانغان بۇيرۇق خېتى بولمىغانلاردىن ھېچ كىشى بىنادىن ئايرىلالمايدۇ.
6
گەرچە سۈيىقەستچىلەر بېندلېر كوچىسىنى پۈتۈنلەي تېزگىنلەپ بولغان بولسىمۇ، ‘فىكۇس سايىسى’ ئىشخانىسىدا ئىش بېجىرىۋاتقان گېنېرال ۋون ھاس مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. بۇ گېنېرال، بىر سائەت ئاۋال بېرلىن شەھەر قوغداش قۇماندانى نامىدا مۇھاپىزەتچىلەر باتالىئونىغا، مەيلى گېنېرال ياكى مىنىستىر بولسۇن ھېچكىمنى سىرتقا چىقارماسلىق ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىناسى ئەتىراپىنى قامال قىل دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. ئەسلىدە “ھىتلېر ياشلار ئىتتىپاقى” نىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان مۇھاپىزەتچىلەر باتالىئونىنىڭ باتالىئون كوماندىرى مايور ئوتتو رېيمېر ئاۋال ھىتلېرنىڭ راست ئۆلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. ئۇنىڭغا ھاس، ھىتلېرنىڭ راستىنلا ئۆلگەنلىكىنى، بۇ سۈيىقەستنى ئېس-ئېسلار قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئىشتا بىر غەلىتىلىك بارلىقىدىن گۇمان قىلغان رېيمېر، ئۇنداقتا ھىتلېرنىڭ ئورنىغا كىم چىقىدۇ؟ دەپ سورايدۇ. ھاس ئۇنىڭغا قالايماقان گەپ سورىماي دەرھال بېرىپ مۇھاپىزەتچىلەر گارنىزونىنى ھەرىكەتكە كەلتۈر، دەيدۇ.
رېيمېرنىڭ يېقىنى بولغان لېيتىنانت خانس ھاگېن (بېرلىندا مۇھاپىزەتچىلەر باتالىئونىغا مىللىي سوتسىئالىزم ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن كىشى) مۇ ئەنە شۇنداق گۇماندا ئىدى. ھاگېن، يېقىنىدا ھېچكىم يوق بىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ رېيمېرغا، بۇ بىر ھەربىيلەر سىياسىي ئۆزگىرىشىدەكلا قىلىدۇ، دەيدۇ. رېيمېرمۇ شۇنداق دەپ قارىماقتا ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى باشلىقى گيۆبېلسنى تېپىپ ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ تىگى-تەكتىنى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. رېيمېر ئۇنىڭغا موتوتسىكىلېتتىن بىرنى تېپىپ بېرىپ، دەرھال بېرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشىنى بۇيرۇيدۇ. رېيمېر، شەھەر ئىچىنى قامال قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە كېتىۋاتقىنىدا ھاگېن (ئۇ ھەربى سەپكە قېتىلىشتىن ئاۋال بىر يازغۇچى ئىدى) موتوتسكلېتنىڭ يان ساندۇقىدا ئولتۇرغىنىچە تەشۋىقات مىنىستىرى تۇرىۋاتقان سارايغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ يەردە، گيۆبېلسنىڭ خۇددى تيوتون پاۋۇل رېۋېرېگە ئوخشاش (1735~1818، غۇرۇرلۇق بىر ئامېرىكىلىق ۋەتەنپەرۋەر) “بۇ بىر قۇراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش!” دەپ توختىماي ۋارقىراپ كېتىدۇ.
گيۆبېلسنىڭ سارىيى ھەقىقەتەنمۇ پات-پاراقچىلىق ئىچىدە قالغان ئىدى. بېرلىن شەھەر باشلىقىمۇ بىر نەپەر شەھەرلىك قۇرۇلتاي ئەزاسىنى يېنىغا ئېلىپ گيوبېلىسنى ئىستەپ كەلگەن ئىدى. ئوتتۇردا تارقىلىپ يۈرگەن بىر-بىرىگە زىت كوچا گەپلىرىدىن ھەر ئىككىسىلا قايمۇقۇپ كەتكەن ئىدى. سپېرمۇ قايمۇقۇپلا كەتكەن ئىدى. سپېر يېڭىراقتا رېيمېرنىڭ بىر توپ ئەسكەرلىرىنىڭ پىلىموتلارنى كۆتەرگىنىچە براندېنبۇرگ دەرۋازىسىغا قاراپ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىكىنىڭ ئىشىكىدە پوستا تۇرغۇزۇلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. چىلىق-چىلىق تەر ئىچىدە قالغان گيۆبېلس، پارتىيە مەسئۇللىرى بىلەن ھەربىي رايون قۇماندانىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سوراۋاتاتتى. قارىغاندا، پوتىسدامدا تۇرۇشلۇق قىسىملار بىلەن شتاتلىق مۇھاپىزەتچىلەر قىسىمى شەھەرگە قاراپ كېلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ۋەزىيەت ھەقىقەتەنمۇ جىددى ئىدى. ئەمما گيۆبېلس كىچىككىنە بولسىمۇ بىر ئۈمىد نۇرىنى كۆرگەندەك بولىدۇ: ئىسيانچىلار تېخىچىلا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكى خەۋىرىنى رادىئو ئارقىلىق ئېلان قىلمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، دەرھال بىر پارچە ئۇقتۇرۇش تەييارلاشقا كىرىشىدۇ. بۇ ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ بىر تەرەپ قىلىش تەس ئىشلار ئىدى. چۇنكى بۇ ھەقتە ئالدىراپلا بىرەر ئىككى ئېغىز گەپ قىلغىدەك بولسا كىشىلەر ئارىسىدا پاراكەندىچىلىك پەيدا قېلىۋېتىش خەۋىپى بار ئىدى.
دەل شۇ پەيتتە، موتوتسىكلىتتا بەكلا بىئارام بولغان ھاگېنمۇ كىشىلەر ئوتتۇرسىنى يارغىنىچە يول ئېچىپ گيۆبېلسنىڭ يېنىغا بېرىۋالىدۇ. بۇ قوشۇمچە يازغۇچى بولغان ھەربىي، نەپەس-نەپىسىگە ئۇلاشمىغان ھالدا بولغانلارنى بىر قۇر بايان قىلىپ چىقىدۇ. گيۆبېلس ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى تەقەتسىزلىك ئىچىدە ئاڭلايدۇ. ئاخىرى ئۇنىڭدىن، رېيمېر دېگەن بۇ كىشىگە ئىشەنگىلى بولامدۇ، دەپ سورايدۇ. قەتئى ئىشىنىشكە بولىدۇ! ئۇ ئۇرۇش مەيدانىدا 8 قېتىم ياردار بولغان بىر ئەسكەر ئەمەسمۇ؟ دەيدۇ ھاگېن.805 شۇنداقتىمۇ گيۆبېلس يەنىلا كۆڭلىدە بەك ئىشەنچ قىلىپ كېتەلمەي، ھاگېنغا، رېيمېرنى تېپىپ كەل، دەپ بۇيرۇيدۇ. ئۇ كۆڭلىدە، ئەگەر بۇئىككىسى يېرىم سائەت ئىچىدە كەلمەيدىغانلا بولىدىكەن مايور رېيمېرمۇ بىر توپىلاڭچى ياكى توپلاڭچىلار تەرىپىدىن قۇراللىق تۇتۇپ قېلىنغان ھېسابلىنىدۇ دەپ ئويلاپ، ئېس-ئېسچىلارنى ‘فېكۇس تۈۋى’ مۇھاپىزەتچىلەر قۇماندانلىق شىتابىنى تارتىپ ئېلىشقا يوللايدۇ.
بىر قانچە مىنۇتقا قالماي، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەش يېرىملاردا گيۆبېلس يەنە بىر قېتىم تېلېفونغا چاقىرىلىدۇ. بۇ قېتىم تېلېفوننىڭ قارشى تەرىپىدىكىسى ھىتلېر ئىدى. ئۇ گيۆبېلسنى ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ساغلام ئىكەنلىكىنى خەلققە بىلدۈرۈش ئۈچۈن دەرھال رادىئوغا چىقىمەن دەپ ئالدىرىتىدۇ. گيۆبېلس دەرھال رادىئو نۇتقىنىڭ نۇسخىسىنى رادىئو ئىستانسىدىكىلەرگە تېلېفون ئارقىلىق ئوقۇپ بېرىدۇ. رادىئو ئىستانسىسى بۇ چاغدا پىيادە ھەربىي مەكتىۋىدىكى ئىسيانچىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان بولسىمۇ گيۆبېلسنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئىسيانچىلار كوماندىرى قايمۇقۇپلا قالىدۇ، يەنى ئۇنى قاتتىق چۈچىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئۇ، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ رادىئودا ئېلان قىلىشقا توسالغۇلۇق قىلمايمەن دەپ دەرھال ماقۇل بولىدۇ.
يەنە شۇ پەيتلەردە، ھىتلېر تېپىرلاپلا قالغان مەسلىھەتچىلىرىنىڭ تەسىرىدە تەشۋىقات مىنىستىرى گيۆبېلسنىڭمۇ توپلاڭچىلار قاتارىدا بولۇپ قالمىسۇن دەپ گۇمان قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ قايتىدىن گيۆبېلسقا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئىشنى بەك ئۇزۇنغا سۆزىۋەتتىڭ، تا ھازىرغىچە بۇ ئۇقتۇرۇشنى رادىئودا ئېلان قىلمىدىڭ دەپ ئۇنى قاتتىق سوتلاپ كېتىدۇ. گيوبېلىسمۇ، بۇ ئىشتا مېنىڭ قىلچە مەسئولىيىتىم يوق، مەسئولىيەت پۈتۈنلەي رادىئو باشقارمىسىدىكىلەردە، دەپ ئۆزىنى ئاقلايدۇ. ھىتلېرمۇ ئۇنىڭ دېگىنىگە ئىشىنىدۇ، ھېچ بولمىغاندا ئىشەنگەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇپكىنى قويىۋېتىدۇ.
ھىتلېرنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى يالغان خەۋەرلەر ئەڭ دەسلىۋىدە بىر قانچە كوندوكتور قىزغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. ئۇلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كېتىدۇ. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، كىشىلەر بۇ ئىشتىن قاتتىق ساراسىمە بولۇپ كەتكەن بولسا، كەينىدىنلا فۈھرېرنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان رادىئو خەۋىرى تارقىتىلىشى بىلەن كىشىلەر يىغلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئەلىۋەتتە خۇشاللىق يىغىسى ئىدى. تەبرىك تېلېگراممىلىرى، تەبرىك خەتلىرى “بۆرە ئىنى” گە قاراپ ئېقىشقا باشلايدۇ. قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى مىلچ تېلېگراممىسىدا، “مەن بۇ خەۋەردىن قاتتىق كۆڭلۈم يېرىم بولدى ھەم خۇشاللىق ھېس قىلدىم، دېمەك رەھىمدىل تەڭرىم سىزنى بالا-قازادىن ساقلاپ قاپتۇ، سىزنىڭ سۈيىقەستچىلەرنىڭ زەھەرلىك قولىدىن ئامان-ئىسەن قۇتۇلغانلىقىڭىز، تەڭرىنىڭ نېمىس خەلقى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيىمىز ئۈچۈن سىزنى ئاسىرىغانلىقى” دەپ يازىدۇ. بۇ تۈردىكى ھال سوراش سۆزلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يېزىۋاتىدۇ دېيىشكە بولمايتتى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى نېمىسلار مىللىي تەقدىرى ھىتلېرغا باغلىق دەپ قارايتتى.
بېرلىندا بولسا، مايور رېيمېر تېخى يېڭىلا ھۆكۈمەت تەۋەسىنى قامال قىلىپ بولغان ئىدى. بۇنىڭدىن ئۇ ئۇنچە بەك خۇشال كۆرۈنمەيتتى. چۇنكى ئۇ، تا شۇ چاققىچە ھىتلېرنىڭ ساق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات ئالالمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئەنسىرەش ئىچىدە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلاتتى. ئۇ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ بولۇپ ھاسقا دوكلات بېرىدۇ. ئۇنىڭ سورىغان سۇئالىغا ھاس يەنىلا بەكلا مۇجمەل جاۋاپ بېرىپ تۇرىۋالغاچقا ئۇنىڭ قورقىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن ئىدى. رېيمېر بۇنىڭدىن بەكلا نارازى ئىدى. بۇ ئارىدا ھاگېن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، مىنىستىر گيۆبېلس دەرھال سەن بىلەن كۈرۈشمەكچى دەپ ئېيتىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇلاردىن يۈز ئۆرىگەنلىكىنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزىدۇ. رېيمېر، بۇ بىر ئىچكى ئۇرۇش دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا ئۇ، ھاگېن بىلەن بىرلىكتە ئۈستى قەۋەتكە چىقىپ ھاس بىلەن كۆرۈشىپ، گيۆبېلسنىڭ دېگەنلىرىنى ئۇنىڭغا بىر قۇر ئېيتىپ بېرىدۇ. گېنېرال ھاس بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان قىياپەتكە كىرىۋالغان بولسىمۇ، رېيمېر ئۇنى قەتئىي تۈردە بېرىپ تەشۋىقات مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ چاغدا ھاسمۇ بوش كەلمەي ئۇنى سالوندىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. يەنە بىر مايورمۇ سۈيىقەستچىلەردىن بىرى بولغاچقا، ئوتتۇرغا چۈشۈپ ئۇلارنى پەسەيتىشكە تىرىشىدۇ. مايور، ھاسقا كۆزىنى قىسىپ دېگىنىدەك قىلىشىنى بىلدۈرىدۇ. گيوبېلىس بىلەن كۆرۈشۈش رېيمېرنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك يەنە ئۇنى قولغا ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. رېيمېر بىنادىن چىقىپ كېتىۋاتقىنىدا كۆڭلى بەكلا پاراكەندە ئىدى، “قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئىشتاجېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ تەۋەككۈل قىلىپ كۆرىشىم كېرەك” دەيدۇ ئاديۇتانتىغا. ئاندىن ئۇ 20 دەك ئادىمىنى يېنىغا ئېلىپ ئۇدۇل تەشۋىقات مىنىستىرىگە قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ.
بۇ چاغدا گيۆبېلس سائىتىگە قارايدۇ. ئۇ نەچچە قېتىم رېيمېرغا تېلېفون قىلىپمۇ ئالالمىغان ئىدى. مانا ئەندى قارار قىلغان ۋاقىت بولغان كەچ سائەت 7 گە ئارانلا 2 مىنۇت قالغان ئىدى. دەل شۇ چاغدا رېيمېر كىرىپ كېلىدۇ. رېيمېر، بۇيرۇق بويىچە ئۇنى قولغا ئالغىلى كەلگەنلىكىدىن ئېغىز ئاچمايدۇ.806 شۇنىڭدەك گيۆبېلسنىڭ دېگەنلىرىگىمۇ ئىشەنمەيتتى. گيۆبېلس ئۇنىڭغا مەن تېخى يېڭىراقتىلا فۈھرېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۈم دەيدۇ. ئەمما رېيمېرمۇ، مەن فۈھرېرنىڭ گېپىنى ئۆز قۇلۇقۇم بىلەن ئاڭلىمىغىچە ئۇنىڭ ساق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەيمەن، دەيدۇ.
“مايور، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماقچىمۇسىز؟ ئۇنداقتا مەرھەمەت.” گيۆبېلس گەپ قىلغاچ راستېنبۇرگقا تېلېفون قىلىدۇ. ئۇ بىر مىنوتقا قالمايلا ھىتلېر بىلەن سۆزلىشىدۇ: “مۇھاپىزەتچى باتالىئون كوماندىرى مايور رېيمېرنىڭ سىزگە دەيدىغان گېپى بار ئىكەن” دەپ تۇروپكىنى ئۇزارتىدۇ. رېيمېر دىققەتتە تۇرغان ھالەتتە تۇرۇپكىنى ئېلىپ قۇلىقىغا تۇتىدۇ. تىڭشىغۇچتىن كېلىۋاتقان ئاۋاز لېنتىغا ئېلىپ قويۇلغان ياكى بولمىسا بىرەرسى ھىتلېرنىڭ ئاۋازىنى دوراپ سۆزلەۋاتقان بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. “سىز ۋون مايور رېيمېرمۇ؟ — دەيدۇ تۇرۇپكىدىن كېلىۋاتقان ئاۋاز، — سىز ھازىر نېمە ئىش بىلەن مەشغۇلسىز؟” بۇ ئاۋاز راستىنلا ھىتلېرنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى، رېيمېر فۈھرېرگە بۈگۈن قىلغان ئىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن گۇمان قىلىۋاتقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. “سىز مېنىڭ ھايات ئىكەنلىكىمگە ئىشەندىڭىزمۇ؟” رېيمېر بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىپ، شۇنداق ئىشەندىم، دەيدۇ. ئەمما ئۇ بەك ئىشىنىپ كېتەلمەيۋاتاتتى.
ھىتلېر ئۇنىڭغا، “مەن سىزگە ھۆكۈمەت ئامانلىقىنى ساقلىشىڭىز ئۈچۈن تولۇق ھوقۇق بەردىم. سىز نېمە قىلىشقا تېگىشلىك بولسا شۇنى قىلىڭ. ھەر بىر ئوفىتسېرنىڭ ئەمەل-ئۈنۋانى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇلارغا سىز قۇماندانلىق قىلىسىز. شۇڭا سىز دەرھال ئومۇمىي يۈزلۈك تەرتىپ ئورنىتىشقا تىرىشىڭ. ئەگەر زۆرۈر تېپىلغىنىدا زورلۇق كۈچى ئىشلىتىڭ. — بۇ يەردە دېيىلگەن شۇ براچىئال —’زورلۇق’ سۆزىلا رېيمېرنى قارشىدىكى كىشىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ھىتلېر ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشەندۈرگەنىدى. شۇڭا ئۇ دەرھال پۇتىنى ئۇرۇپ دىققەتتە تۇرغىنىچە تۇرۇپكىغا قۇلاق سالىدۇ. — سىز پەقەت مېنىڭ ئالدىمدىلا جاۋاپكارسىز.” ھىتلېر بۇ گەپنى قايتا بىر تەكىتلىگەندىن كېيىن، دەرھال ئۇنىڭ ئۈنۋانىنى مايوردىن پولكوۋنىك دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، رېيمېر تەشۋىقات مىنىستىرلىكىنى ئۆزىنىڭ قۇماندانلىق شىتابىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ ئاۋال گېنېرال ۋون ھاسقا تېلېفون قىلىپ، تېخى يېڭىلا ھىتلېر بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى، فۈھرېر ئۇنىڭغا تولۇق قۇماندانلىق ھوقۇقى بەرگەنلىكىنى ئۇختۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ ھاسقا دەرھال مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ تەييار بولۇڭ دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. ھاس ئۇنىڭ بۇ تەلىۋىنى غەزەپ بىلەن رەت قىلغىنىچە “قاچاندىن بېرى چوڭ بىر گېنېرال بىر مايورنىڭ ئالدىغا بېرىپ تەييار تۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ؟” دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ.
رېيمېر، “گېنېرال، ئەگەر سىز قېشىمغا كېلىشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا مەن سىزنى قولغا ئالغۇزىمەن” دەپ، ھاسنىڭ قۇماندانلىق شىتابىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن دەرھال ئادەم يوللايدۇ. ئاندىن يەنە بېرلىن رايونىدىكى ھەر قايسى ھەربىي قىسىملارغا ھازىردىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قۇماندانلىقىغا ئۆتكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ قۇماندانلىرى ھەربىي ئۈنۋانىنىڭ يوقۇرى-تۆۋەن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر قىلچە نارازىلىق بىلدۈرمەي بىرلىكتە ئۇنىڭ قۇماندانلىقىنى قوبۇل قىلىشىدۇ. بۇنىڭدىن پولكوۋنىك رېيمېر ھەيرانلىق ھېس قىلمايدۇ. ئاندىن ئۇ باتالىئوننىڭ بارلىق ئوفىتسېر-جەڭچىلىرىنى تەشۋىقات مىنىستىرلىك گۈللۈكىگە يىغىپ گيۆبېلسنىڭ سۈيىقەس ھەققىدىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلاتقۇزىدۇ.
بۇ چاغدا، مەجبۇرى باش ئەگدۈرۈلگەن گېنېرال ھاسمۇ يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ رېيمېردىن خاپا بولۇشنى ئۇنۇتقان ئىدى. ھەتتا ئۇ كېلىپلا رېيمېرنى قۇچاغلىماقچى بولغاندەك قىلىقلاردىمۇ بولىدۇ. ئۇ يېڭى پولكوۋنىكنى ماختاپ ئۇچۇرغىنىچە تىنماي بىر نېمىلەرنى سورايتتى. رېيمېرنىڭ تاقىتى قالماي ئۇنى داۋاملىق تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن شوغۇللىنىشى ئۇچۇن يولغا سېلىۋېتىدۇ. گيۆبېلسمۇ ھاسقا خۇددى تۈۋەن دەرىجىلىك بىرسىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭدىن بىر قانچە ئادەتتىكىچە سۇئاللارنى سورايدۇ. ھاس بۇ سورالغانلارغا دۇدۇقلىغىنىچە بىر نېمىلەر دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن بۇ گېنېرال مىنىستىردىن، ئەگەر ئايالىمغا تېلېفون قىلىپ يىگىدەك بىرەر نەرسە ئىۋەرتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلسام قارشى ئەمەستۇرسىز، دەپ سورايدۇ. “مانا بۇ بىزنىڭ ئىنقابىي ئائىلىمىز. _ دەيدۇ گيۆبېلس. گېنېرال بىر نەرسىلەر يېۋىلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن گيۆبېلس مازاق قىلغىنىچە “ئۇلارنىڭ كاللىسى يېيىش، ئىچىش ھەمدە ئاياللىرىغا تېلېفون قىلىشتىن باشقىغا ئىشلىمەيدۇ” دەيدۇ.
بېندلېر كوچىسىدىكىلەرنىڭ تېلېفون ئاپاراتى پەقەتلا تىنجىمايدۇ. ئوفىتسېرلار تىنماي تېلېفون قىلىپ رادىئو ئاخباراتى توغرىلىق تەپسىلى مەلۇمات سورايتتى. ‘ۋالكيېر’ ھەربىي ھالەت بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھەر قايسى قۇراللىق ئورۇنلارمۇ فرومنىڭ ئاغزىدىن سەل ئاۋالقى ھىتلېرنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تېلېفون قىلىشماقتا ئىدى.807 بۇ سۇئاللارغا ستاۋفېنبېرگ جاۋاب بېرىپ، ھىتلېرنىڭ راستىنلا ئۆلگەنلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ. ئەگەر سورىغۇچىلار سۈيىقەستچىلەردىن بولغىنىدا، يەنىلا پىلان بويىچە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيتتى. پولكوۋنىك ئۇلارغا رادىئو خەۋىرىنىڭ بىر ئويۇن ئىكەنلىكىنى، ھوقۇق قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئىشلار جايىدا كېتىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇراتتى.
ئاخىرىدا، قوزغىلاڭچىلارنىڭ پەخرى رەھبەرلىرىدىن بىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى ۋون ۋىتزلېبېن تولۇق ھەربىي ئۈنفورمىلىق كېلىپ ھوقۇقنى ئۆتكۈزىۋېلىشقا كېلىدۇ. ئۇ كۈن بويى ھەممىدىن ئۈستۈن بولۈپ يۈرگەن بولسىمۇ، كېچىكىپ كەلگەنلىك خاتاسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن چۈشتىن كېيىن سائەت يەتتە يېرىم ئەتىراپىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ يېڭى ئالىي قۇماندانى سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ كەسكىن بىر يوليورۇق تارقىتىدۇ:
فۈھرېر ئادولف ھىتلېر ئۆلدى. بىر ئۇچۇم قۇرۇق گەپ سېتىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئۇرۇشقا قاتناشمىغان پارتىيە رەھبەرلىرى بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ جەڭگۋارلىق روھىمىزغا كەينىمىزدىن پىچاق ئۇرۇپ ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىش ئارقىلىق ئۆز غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولماقتا.
ئەنە شۇنداق جىددىي پەيتتە قانۇن-تۈزۈملەرنى ساقلاپ قىلىش مەقسىتىدە، رېيچ ھۆكۈمىتى جىددى ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ، پېقىرنى گېرمانىيە قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي قۇماندانلىقىغا تەيىنلىدى. …
بۇ تېلېگرامما يەنە بىر قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالىغا يېڭى بىر ئۈمىد بېرىدۇ. پارىژدا سۈيىقەستچىلەردىن ئايرىلىشنى پىلانلاپ يۈرگەن كلوگ ئوتتۇرغا سەكرەپ چۈشۈپ "تارىخىي دەۋر يېتىپ كەلدى!" دەپ چالۋاقايدۇ. ئۇ، دەرھال غەرپ بىلەن ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسى ئىمزالاش تەكلىۋىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئەگەر ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قوشۇنى جاۋاب تېرىقىسىدە گېرمانىيەنى بومباردىمان قىلىشنى توختۇتۇشقا ماقۇللا دەيدىكەن، گېررمانىيىنىڭ يېڭى ھاكىمىيىتى راكىتا بىلەن لوندونغا ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشقا ماقۇل بولىدۇ دەيدۇ. كېيتېل يوللىغان بۇ تېلېگرامما بۇيرۇقى، كلۇگنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكەندەك تەسىر پەيدا قىلىدۇ: فۈھرېر ھايات. بېندلېر كوچىسىدىكى ۋارلىمۇند — بېك خائىنلار گۇروھى تارقاتقان بۇيرۇقلار قەتئىي ئېتىۋارغا ئېلىنمىسۇن.
كلۇگنىڭ ئىرادىسى بوشاپلا كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ، شىتاپ باشلىقىدىن ئالىي قۇماندانلىق شىتابىدا زادى نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما ۋارلىمونت بىلەن ھەر قانچە قىلىپمۇ تېلېفوندا كۆرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭدەك جودل ياكى كېيتېلنىمۇ تاپالمايدۇ. ئۇلارنىڭ جايىدا بولماسلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئىشەنمەك تەس بىر ئىش بولغاچقا كلۇگ قايتا ئۈمىدلىنىدۇ. بەلكىم بېك راست ئېتقان بولىشى مۇمكىن بولماسمۇ، ھىتلېر راستىنلا ئۆلگەن بولسىچۇ؟ شۇڭا ئۇ «بۆرە ئىنى» دىكى بىر سۈيىقەستچىگە تېلېفون قىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئېنىقلاپ چىققىنى تېخىمۇ چېكىدىن ئاشقان يامان خەۋەر بولىدۇ: ھىتلېر ئۆلمەپتۇ! كلۇگ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا تروپكىنى قويىدۇ. «دېمەككى، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى، دېگەن گەپ. — دەيدۇ كلۇگ، مارشال ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئاخىرلاشتى دېيىش مۇمكىن ئىدى. — ئەپەندىلەر ئەندى مېنى ئارتۇق ئاۋارە قىلماڭلار!»
بېرلىندىكى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشەرگەن كىشىمۇ بۇ سۈيىقەست ھەرىكىتىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى ۋون ۋىتزلېبېن، بېندلېر كوچىسىدىكى بۇ قالايماقانچىلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي تىز قەدەملەر بىلەن بىنادىن ئايرىلىپ ماشىنىسىغا ئولتۇرغىنىچە زوسسېندىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇماندانلىق شىتابىغا كېتىدۇ. ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ ھەربىي لاۋازىمى گېنېرال ۋاگنېرغا، بارلىق پىلانىمىز مەغلوپ بولدى دەيدۇ-دە، قايتا ماشىنىلىق داچىسىغا قاراپ كېتىپ قالىدۇ.
«بۆرە ئىنى» دە، كېيتېل يېڭىدىن زاپاس قىسىملار قۇماندانلىقىنى ھىملېر ئۈستىگە ئالسۇن دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئۇ يەنە «پەقەت سىز ئىككىمىز تارقاتقان بۇيرۇققىلا قەتئىي بوي سۇنۇشكېرەك» دەپ قوشۇپ قويىدۇ. بۇ بۇيرۇق ئاخشىمى سائەت 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە تېلېگرامما ئارقىلىق يوللىنىدۇ. 10 مىنۇتتىن كېيىن، پارتىيە كاتىبى بورمان بىر پارچە جىددى تېلېگرامما يوللاپ «بىر قىسىم گېنېراللار فۈھرېرگە سۈيىقەست قىلىماقچى بولغان» دەپ، ھەممە يەردىكى پارتىيە مەسئۇللىرىغا خەۋەر بېرىپ قول ئاستىدىكى بارلىق كىشىلەر فۈھرېرنىڭلا بۇيرۇقىغا بوي سۇنىشى كېرەك دەپ ئەسكەرتىدۇ.808
ئاخشىمى سائەت 9 دا، رادىئودا فۈھرېر سەل تۇرۇپ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رادىئو نۇتۇقى سۆزلەيدۇ دەپ پۈتۈن مەملىكەتكە ئۇقتۇرىدۇ. ئەمما «بۆرە ئىنى» دە بىۋاستە رادىئو دولقۇنى تارقىتىش ئەسلىھەسى بولمىغاچقا بۇ قېتىمقى نۇتۇق بەكلا كېچىكىپ كېتىدۇ. ئۇلارغا ئەڭ يېقىن بولغان ئۈنئالغۇ ئاپتوموبىلىنىمۇ شەرقى پرۇسىيە مەركىزى كۆنىگسبېرگدىنلا تېپىش مۇمكىن ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز دېگەندە نەچچە سائەت كۈتۈشكە توغرا كېلەتتى.
ھىتلېر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتىنىڭ كوماندىرى ئوتتو سكورزېنىي دەل شۇ پەيتلەردە بېرلىندا ئىدى. ئۇ، فۈھرېرنىڭ سالامەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، بۇزغۇنچىلىق سالغۇچى پاقا ئادەم يېتىشتۈرۈش مەكتىۋىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش ئۈچۈن دەرھال ۋيېنناغا ئاتلىنىدۇ. گۈگۈم ۋاقتىدا، ئانخالت ۋوگزالىدا پويىزغا چىقماقچى بولۇپ تۇرغىنىدا بىر ئوفىتسېرنىڭ پلاتفورما بويلاپ يۈگىرگىنىچە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ يۈگىرگىنىچە توۋلاپ، شەھەر ئىچىدە قۇراللىق سىياسىي توپىلاڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، سكروزنىينىڭ بۇيرۇق بويىچە دەرھال بېرىپ شەھەردە تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ.
شۇڭا ئۇ، ئالدىراش ئېس-ئېس ئامانلىق باشقارمىسى باش شىتابىغا يېتىپ بارىدۇ. ئۇ يەردە، بىر قىسىم خائىنلىق قىلغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە رەھبەرلىرى پايتەخىتنى تارتىپ ئېلىشقا كىرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ. «ۋەزىيەت ئېنىق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكلا خەتەرلىك. — دەيدۇ شېللېنبېرگ. ئۇنىڭ چىرايى ئاپئاق تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، يېنىدىكى ئۈستەل ئۈستىدە بىر تال تاپانچا تۇراتتى. ئۇ غەلىتە بىر ھەرىكەت بىلەن، — ئەگەر ئۇلار بۇ يەرگە كەلگىدەك بولىدىكەن، مەنمۇ ئورنۇمدا چەڭ تۇرۇپ ئۆزەمنى قوغدايمەن!» دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى بەكلا كۈلكىلىك ئىدى. سكروزنىي ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كېتىدۇ. ئۆزەڭنى بېسىۋال شېللېنبېرگ، شۇ تاپانچىنى غىلاپىغا سال-دە، بىكاردىن ئۆزەڭنى ئېتىۋېلىپ يۈرمە يەنە، دەيدۇ.
سكروزنىي، بېرلىن شەھەر بويىدىكى بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش مەكتىبىدىكى بىر روتىغا جىددىي ھالەت بۇيرۇقى بەرگەندىن كېيىن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ كېتىدۇ. ھۆكۈمەت قوروسى ئىچى بەكلا تىنچ ئىدى. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئېس-ئېس قۇراللىق قىسىملىرىمۇ سۈيىقەست بىلەن شوغۇللىنىپ يۈرگەنمىش. شۇنداقتىمۇ ھەممە ياق تىپ-تىنچ ئىدى. بۇ ئەھۋالنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن لىچتېرفېلدتىكى ئېس-ئېس گازارمىسىنى كۈزىتىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە بارىدۇ. ئۇ يەردىمۇ پۈتۈنلەي جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈرمەكتە ئىدى. ئاندىن ئۇ ماشىنىسىنى ھەيدىگىنىچە ئېس-ئېسنىڭ بىر دىۋىزىيە شىتابىغا بېرىپ خەۋەر ئۇقۇشقان بولسىمۇ ھېچ بىر گەپ يوقلىقىنى بىلىدۇ. ئاندىن داۋاملىق ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگىنىچە تىزلىكتە ۋانسې كۆلى بويىدىكى پاراشوتچىلار قىسىمىنىڭ قۇماندانلىق شىتابىغا بارىدۇ. سكروزنىي ئۇ يەردە گېنېرال ستۇدېنتنىڭ داچىسىدا ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. گېنېرال ياتاق كىيىمى بىلەن پۈتۈن زېھنىنى سەرىپ قىلىپ بىر دۆۋە ھۈججەتلەر ئىچىگە چۆكۈپ قالغان بولۇپ، ئايالى بىر ياندا ئولتۇرۇپ يىپ-يىڭنە ئىشى بىلەن مەشغۇل ئىدى. مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ھەقىقەتەنمۇ قىزىق ئىدى: ھەربى توپىلاڭ بولىۋاتقان بىر پەيتتە، گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم قۇماندانلىرىدىن بىرسى پۈتۈنلەي بىغەم بىر ھالەتتە ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ كېتىشى ھەقىقەتەنمۇ غەلىتە بىر ئەھۋال ئىدى. ستۇدېنت، تا گيۆرىڭ تېلېفون قىلىپ بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغانغىچە سكورزنىينىڭ دېگەنلىرىگە پەقەتلا ئىشەنمەي تۇرىۋالىدۇ. تېلېفوندا گيۆرىڭ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇماندانلىق شىتابى تارقاتقان بۇيرۇقتىن باشقا قالغان بۇيرۇقلارغا پۈتۈنلەي ئېتىۋار بەرمەسلىك كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. ستۇدېنت بۇ بۇيرۇقنى تۆۋەنگە تارقىتىۋاتقىنىدا، سكورزنىيمۇ شېللېنبېرگنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ چاپىدۇ. ئۇ ئىشخانىغا كىرەر-كىرمەي ئۇنىڭغا تېلېفون بارلىقى خەۋىرى يەتكۈزۈلىدۇ. «قولۇڭدا ھازر قانچىلىك ئادىمىڭ بار؟— دەپ سورايدۇ جودل. — بىر روتا دەپ جاۋاب بېرىدۇ سكورزنىي. — ياخشى، سەن دەرھال ئادەملىرىڭنى باشلاپ بېندلېر كوچىسىغا ئاتلان، ئۇ يەردە مايور رېمېرنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر باتالىئونىغا ياردەملەش. ئۇلار بۇيرۇق بويىچە يېڭىلا بىنانى قورشاۋغا ئالدى.»
بېندلېر كوچىسىدىكى ئۈمىدسىزلىك بارغانسىرى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قۇماندانلىق شىتابىنى قوغداپ تۇرىۋاتقان مۇھاپىزەتچىلەر باتالىئونى، باتالىئون كوماندىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە گيۆبېلس سارىيىنىڭ گۈللۈكىگە يىغىلىش ئۈچۈن كېتىپ قالغان ئىدى. ساراي دەرۋازىسىغا ئارانلا 35 نەپەر ئەسكەر كۈزەتكە قويۇلغان.809 بىنا ئىچىدە گېنېرال ئولبرىچ ئاخشىمى سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ھەربى ئەمەلدارلارنى ئۈچىنچى قېتىم بىر يەرگە يىغىپ، مۇھاپىزەتچىلەر باتالىئونى چېكىندى، شۇڭا بىز بىنا مۇداپىيىسىنى ئۈستىمىزگە ئېلىۋېلىشىمىز كېرەك، دەيدۇ. ئۇ يەنە، 6 يەردىكى چىقىش ئېغىزىنى باش قۇماندانلىق شىتابىنىڭ ئوفىتسېرلىرى ئىگەللىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ.
ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ھېچ كىم نارازىلىق بىلدۈرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، بىر بۆلۈم قۇراللىق ساداقەت كۆرسەتكەن كىشىلەر ئاستىرىتىن فۈھرېرىگە بەرگەن قەسىمىگە سادىق بولۇش ئۈچۈن ئاخشىمى سائەت 11 غا 10 مىنوت قالغاندا (جەمئىي 8 كىشى) بەللىرىگە گراناتلارنى قىستۇرۇپ ئاپتومات ياكى تاپانچىلار بىلەن قۇراللىنىپ تۇيۇقسىز ئولبرېچتنىڭ ئىشخانىسىغا بېسىپ كىرىدۇ. ئولبرېچت ئۇلارنى تىنجىش توغرىلىق سۆزلەۋاتقىنىدا ستاۋفېنبېرگ ئىشخانىغا كىرىپ كېلىدۇ. ئۇلارنى كۆرۈپ دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ قاچقىنىچە مېھمانخانا زالىغا كىرىپ ئۈلگۈرىدۇ. بۇ ئارىدا ئۇلار بىر-بىرسىگە قارىتىپ بىرمۇنچە ئېتىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ستاۋفېنبېرگ ئىگىلگەندەك بىر ھەرىكەت قىلىدۇ. قارىغاندا ئۇنىڭغا ئوق تەگكەندەك قىلاتتى. ئۇ دەرھال ياندىكى بىر ئىشخانىغا كىرىۋالىدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي بېك، ئولبرېچت ۋە باشقا بىرمۇنچە سۈيىقەستچىلەر بىلەن بىرلىكتە قولغا چۈشىدۇ. بىر قانچە مىنوتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا قويۇپ بېرىلگەن فروم پەيدا بولىدۇ. «خوش، ئەپەندىلەر، — دەيدۇ گەۋدىلىك كەلگەن گېنېرال فروم قولىدا تاپانچىسىنى پولاڭلىتىپ تۇرۇپ، — مانا ئەندى مەنمۇ خۇددى سىلەر ماڭا قىلغىنىڭلاردەك ھەرىكەت قوللىنىشقا مەجبۇرمەن» دېگەندىن كېيىن، ئۇلارغا قۇرال تاپشۇرۇشنى بۇيرۇق قىلىدۇ.
«سېنىڭ بىزنى قۇرالسىزلاندۇرۇشقا لاياقىتىڭ يوق، سەنمۇ ئەسلىدە بىزنىڭ قۇماندانلىقىمىزدىكى بىرىسەن. — دەيدۇ بېك پەس ئاۋازدا، — بۇ بەخىتسىز ۋەزىيەتنىڭ ئاقىۋىتىگە مەن ئۆزەم مەسئۇل» دېگەچ سومكىسىدىن تاپانچىسىنى چىقىرىدۇ.
فروم ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ناگىنىڭنى ئۆزڭگە قارىتىپ بەتلە دەيدۇ. ياشانغان بېك كونا كۈنلىرىنى ئېسىگە كەلتۈردى ئەتىمالىم، «شۇ پەيتتە خىيالىمغا ئىختىيارسىزلا بۇرۇنقى كۈنلەر كېلىۋالدى، ئاھ شۇ كۈنلەر…» فروم ئۇنىڭ گېپىنى بېلىدىن تېپىپ، «ھازىر بىزگە ئۇنداق گەپلىرىڭ كېرەك ئەمەس» دەيدۇ. «ئاغزىڭنى يۇم. ماڭا ئارىلاشما!» بېك يەنە بىر نەرسىلەر دەپ غۇدۇڭشىغاندەك قىلىدۇ-دە، تاپانچىسىنى ئۆزىگە قاراتقىنىچە تەپكىسىنى بېسىۋىتىدۇ. ئەمما ئوق چېكىسىدىن سىرىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇ كەينىگە سەنتۈرۈلگىنىچە بېرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالىدۇ. « ئىشىنى پۈتتۈرۈشى ئۈچۈن مۇنۇ ئەپەندىگە بىرىڭلار ياردەم قىلىڭلار» دەيدۇ فروم يېنىدىكى ئىككى نەپەر ياش ئوفىتسېرغا. ئۇلار بېكنىڭ يېنىغا كېلىپ قولىدىكى تاپانچىسىنى ئېلىۋالماقچى بولىدۇ. ئەمما بېك قورالىنى چىڭ قاماللىغىنىچە ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم ئاتىدۇ. ئەمما بۇ قېتىمقىسىدىمۇ يەنە شۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالىدۇ. فروم قالغان سۈيىقەستچىلەرگە قاراپ «گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار ئەپەندىلەر، ئەگەر خەت قالدۇرۇش نىيىتىڭلار بولسا سىلەرگە يەنە بىر قانچە مىنوت ۋاقىت بېرەلەيمەن» دەيدۇ. 5 مىنوتتىن كېيىن قايتا ئىشخانىغا كىرىپ تېخى يېڭىراقتىلا «فۈھرېر نامىدا» ھەربىي سوت ئۆتكۈزۈپ، ئولبرېچت بىلەن ستاۋفېنبېرگنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىككى نەپەر ئاديۇتانتىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۈكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. بىر يېڭىدىن قان تامچىلاپ تۇرغان ستاۋفېنبېرگ بىلەن يېنىدىكى 3 نەپەر سەپدىشى قوراغا يالاپ چىقىرىلىدۇ. ئۇلار قۇم دۆۋىسى ئالدىدا ئالدىغا قاراپ تىك تۇرىشىدۇ.
بېكنىڭ يۈز-كۆزى قان ئىچىدە قالغان ئىدى. ئۇ تاپانچا سورايدۇ. ئۇنىڭغا بىر تاپانچا تۇتقۇزۇشىدۇ. بېك ساراي ئۆيدە يالغۇز قالدۇرۇلىدۇ. سىرتتىكىلەر، ئۇنىڭ «ئەگەر بۇ قېتىممۇ كېلىشتۈرەلمىسەم ماڭا ياردەم قىلغايسىلەر» دېگىنىنى ئاڭلايدۇ. ئاندىن بىر پاي ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. فروم دەرھال ئىشىكتىن بېشىنى تىقىپ قارايدۇ، بېك بۇ قېتىممۇ كېلىشتۈرەلمىگەن ئىدى. «مۇنۇ ئەپەندىگە ياردەم قىلىۋەت» دەيدۇ بىر ئوفىتسېرغا. ئەمما ئۇ ئوفىتسېر ياردەم قىلىشنى رەت قىلىدۇ. ئارىدىن بىر ئون بېشى چىقىپ خۇدىنى يوقاتقان بېكنى سىرتقا سۆرەپ چىقىرىپ بوينىغا قارىتىپ بىر پاي ئوق ئۈزىدۇ.
قورادا بىر ھەربى ماشىنىسىنىڭ چىرىقى ھەممە يەرنى يۇپ-يورۇق يۇرىتىۋەتكەن ئىدى. بۇ ۋاقىت، دەل تۈن يېرىمى ۋاقىت ئىدى. ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۈم قىلىنغان 4 نەپەر جىنايەتچى بىر دۆۋە قۇم قالقىنى بويىغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ قۇملار ھاۋا بومباردىمانىدىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ئىدى. ئولبرېچت بەكلا تەمكىن كۆرۈنەتتى. «ئېتىڭلار» دېگەن بۇيرۇق چىقىشى بىلەن تەڭ، ستاۋفېنبېرگ پۈتۈن كۈچى بىلەن «ياشىسۇن قۇتلۇق گېرمانىيە!» دەپ ۋارقىرىغىنىچە يېقىلىپ چۈشىدۇ. ئۇ ئۆلگەن ئىدى (بۈگۈنكى كۈندە شۇ بېندلېر كوچىسىغا ستاۋفېنبېرگ كوچىسى دەپ نام بېرىلگەن — ئا. ھ. ئىزاھاتى).
فرومنىڭ كېلەڭسىز گەۋدىسى بىنانىڭ ئىشىكى ئالدىدا كۆرۈندى.810 ئۇ قوروغا قاراپ ماڭغاچ جاللاتلار ئالدىدىن ئۆتۈپ ئۇلارغا قىسقىچىلا سۆز قىلىدۇ. ئاندىن «ياشىسۇن ھىتلېر! — خايل ھىتلېر!» دېگىنىچە سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياسالما بىر قىياپەت بىلەن دەرۋازا تەرەپكە قاراپ ماڭغاچ ماشىنىسىنى كەلتۈرۈشكە ئىشارەت بېرىدۇ. ئاندىن ماشىنىسىغا ئولتۇرغىنىچە قاراڭغۇلۇق ئىچىگە شۇڭغۇپ كۆزدىن غايىپ بولىدۇ. بېندلېر كوچىسىدىكى تېلېگراف مەركىزىدە بىر تېلېگرامما نۇسخىسى يوللانماقتا ئىدى: «مەسئولىيەتسىز بىر قىسىم گېنېراللار سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن قانلىق باستۇرۇلدى. بارلىق جىنايەتچىلەر دەرھال ئېتىپ تاشلاندى. …»
فروم دەرۋازىدىن چىقىۋاتقىنىدا، ئاق رەڭلىك مۇسابىقە ماشىنىدىن بىرسى دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ شاپپىدە توختايدۇ. رولدىكى كىشى سپېر بولۇپ، كەينىدە ئولتۇرغىنى پولكوۋنىك رېمېر ئىدى. «ھەر نېمە دېگەن بىلەن ساداقەتلىك بىر نېمىستە! — دەيدۇ فروم، گويا ئۆزى بىر گۇناھسىز بىرسىدەك، — يېڭىراقتا بىر قىسىم جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بەردىم.» رېمېر ئۇنىڭغا بۇقىلغىنىڭىز ياخشى بولماپتۇ دېۋىدى، فروم «سەن ماڭا بۇيرۇق بەرگىدەك بولۇپ كەتتىڭمۇ؟» دەيدۇ قۇپال بىر شەكىلدە.
«ئۇنداق بىر نىيىتىم يوق، ئەمما سىزمۇ قىلغان ئىشىڭىزغا مەسئۇل بولىشىڭىز كېرەكتە» دەيدۇ رېمېر، ئاندىن ئۇنىڭغا دەرھال بېرىپ گيۆبېلسنىڭ ئالدىدا تەييار بولۇشىنى ئېيتىدۇ. فروم بىلەن سپېر ئىككىسى يۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئوتتو سكورزېنىي ئادەملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ، شۇنچە مۇھىم ئورۇندىكى بىر گېنېرالنىڭ مۇشۇنداق بىر پەيتتە كېتىپ قېلىشىغا زادىلا ئەقلى يەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇ، «بۇ يەردە نېمە ئىشلار بولدى؟» دەپ رېمېردىن سورايدۇ. رېمېرمۇ نېمە ئىشلار بولغىنىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە بۇيرۇق بويىچە بىنانى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۈچۈنلا كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
سكورزېنىي بىنا ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ باقماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، روتىسىنى قورا ئىچىگە قالدۇرۇپ تېز قەدەملەر بىلەن پەلەمپەيدىن سەكرىگىنىچە تېز چىقىپ بىناغا كىرىپ كېتىدۇ. ئۈستىنقى قەۋەتكە چىقىپ باش شىتاپ باشلىقىنىڭ ئىشخانىسى تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ. كورىدوردا بىر قانچە تونۇش شىتاب باشلىقلىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالىدۇ. ئۇلار سكروزېنىيغا ئەھۋالدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى ھەقىقەتەنمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەرىكەتلەردەك بىلىنىدۇ. ئەمما بۇ، ئۇنىڭ پەرىزىنىڭ توغرىلىقىنىمۇ كۆرسەتمەكتە ئىدى. ئۇ ئالىي باشقۇماندانلىققا تېلېفون قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ تېلېفون ئۇلانمايدۇ. شۇڭا ئۇ، «بۇ قالايماقانلىشىپ كەتكەن ھەرە ئۇۋىسى» نىڭ تىنچلىقى بىلەن تەرتىبىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزى بىلگىنىچە ھەرىكەت قىلىش قارارىغا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. شۇڭا ئۇ تونۇش شىتاپ باشلىقلىرىنى بىر يەرگە توپلاپ ئۇلارنى بۇرۇنقى ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تاپىلايدۇ. ئالدىنقى سەپتە زاپاس ئەسكەرلەرگە ۋە ئارقا سەپ ياردىمىگە جىددى مۇھتاجلىقى داۋام قىلماقتا ئىدى.
شىتاپ مەسئۇللىرى ئۇنىڭ دېگىنىگە ماقۇل بولىدۇ. ئەمما بۇيرۇقنى كىم ئىمزالايدۇ؟ مۇھىم ۋەزىپىدىكى كىشىلەر يا ئۆلتۈرۈلگەن يا بولمىسا غايىپ بولغان ئىدى. سكورزېنىي، پۈتۈن مەسئولىيەتنى ئۆزەم ئۈستۈمگە ئېلىپ بۇيرۇققا مەن ئۆزەم ئىمزا قويىمەن دەيدۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ. قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش شىتابىنىڭ مېخانىزمى قايتىدىن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن سكورزېنىيمۇ جودل بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ. جودل ئۇنىڭغا داۋاملىق قۇماندانلىق قىلىشنى ئېيتقىنىدا، سكورزېنىي ئۇنىڭغا «بىرەر گېنېرال بولسىمۇ يوللىسىڭىز بولاتتى» دەپ تەلەپ قىلىدۇ. جودېل ئۇنىڭغا فۈھرېر نامىدا داۋاملىق قۇماندانلىق قىلىۋېرىڭ دەپ بايىقى گېپىنى تەكرارلايدۇ. سكورزېنىيمۇ «ۋالكيېر» ھەربىي ھالەت بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بۇيرۇق قىلىپ، بارلىق كوماندىرلارنى يېڭى بۇيرۇق كۈتۈشىنى تاپىلايدۇ.
سپېر بولسا، فرومنى تەشۋىقات مىنىستىرلىكىگە باشلاپ بارىدۇ. فروم ئۇ يەردە ھىتلېر بىلەن ئايرىم سۆزلىشىمەن دەپ تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، گيۆبېلس ئۇنىڭ بۇ تەلىۋىگە پەرۋامۇ قىلمايدۇ. گيۆبېلس ئۆز ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، فروم بار ئىشخانا ئىشىكىگە ئەسكەرلەردىن بىرنى پوستقا قويۇڭلار دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ.
ھىملېرمۇ يېتىپ كەلگەن ئىدى. يەنى ئۇ ھىتلېرنىڭ توپلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بۇيرۇقنى ئېلىپ تېخى يېڭىراقتىلا راستېنبۇرگتىن بېرلىنغا يېنىپ كېلىشى ئىدى.811 ھىتلېر ئۇنىڭغا «قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغۇچىلار كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بىرنىمۇ قويماي ئېتىپ تاشلا» دېگەن ئىدى. گەرچە ھىملېر شۇنچە چوڭ ھوقۇققا، يەنى ھىتلېرنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق جازالاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە زاپاس قىسىملار ۋاقىتلىق باش قۇماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولىغشىغا قارىماي باستۇرۇش ئىشلىرىدا يەنىلا گيۆبېلسنى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ ئۆزى خۇددى بۇرۇنقىدەك ھېچ ئىش قىلماي ئەركىن بولىۋالىدۇ. گيۆبېلسنىڭ ياردەمچىسى ناۋماننىڭ قارىشىچە، ھىملېر بۇ ئىشلارغا قەتئىي قىزىقمايتتىكەن، بۇنىڭدىن ھىملېر بەكلا خۇشال ئىكەن. بۇ كۈنلەردە ئۇ نېمىلەرنى قىلغانلىقى ھەققىدە ناۋماننىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئالغاندا، كىشىلەردە مۇنداق بىر تەسىرات پەيدا بولغان ئىدى: بېرلىندىكى توپلاڭنى ئۇنىڭ ئۆزى يالغۇز قۇرۇق قول تارمار كەلتۈرگەنمىش. «ئۇلار نېمە دېگەن ئاخماق نەرسىلەر ھە! — دەيدۇ ھىملېرغا پو ئېتىپ، — بولمىسا ئۇلارنىڭ قولىغا ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بىر پۇرسەت كەلگەن ئىكەن. ھەقىقەتەن ئاخماقلار! ھەقىقەتەنمۇ ساددا نەرسىلەردە بۇ توپلاڭچىلار! ئەگەر بۇ ئىشنى مەن باشلاتقان بولسا ئىدىم، چوقۇم رادىئو ئىستانسىسىنى قولغا ئېلىۋېلىپ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يالغان خەۋەر تارقاتقان بولار ئىدىم! ئاخماقلار!»
ھىملېر ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ئەدەپ بىلەن باش لىڭشىتىپ چىرايىنىمۇ ئۆزگەرتمەي ئولتۇرىدۇ. ئەمما ئۇ، گيۆبېلسنىڭ يېنىغا كېلىشتىن ئاۋال سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى ۋەھىمە پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى توپلاڭنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئورگان قۇرۇپ قويغانلىقىدىن قەتئى تىنمايدۇ.
«بۆرە ئىنى» دە، گېنېرال فېلگيېبېل ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولىشىنى ئاللىمۇ قاچان مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنى ئويلىمايتتى. چۇنكى ئۇ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سوتىدا قىلغان بۇ ئىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشنى نىيەت قىلغان ئىدى. «ئەگەر سەن ئاخرەتكە ئىشىنىدىغان بىرسى ئىكەنسەن، چوقۇم ئەلۋېدا دېيىشتىنمۇ قورقماسلىقىڭ كېرەك» دەيدۇ ئۆزىنىڭ ياش ئاديۇتانتىغا.
ھىتلېر چايخانىدا ئولتۇرۇپ كۆنىگسبېرگدىن كېلىدىغان ئاۋاز لېنتىسىغا ئېلىش ماشىنىسىنىڭ چاققانىراق كېلىپ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە سۆزلەيدىغان نۇتقىنى لېنتىغا ئېلىپ كېتىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. كۈتۈش جەريانىدا، يېقىن سىرداشلىرىنى يىغىپ ئۆزىنىڭ ئالدىراش يېزىپ چىققان نۇتۇق تېزىسىنى ئوقۇپ بېرىدۇ. بۇ يەرگە بىر قانچە كاتىپ ۋە ئاديۇتانتلار بىلەن بىرگە يەنە كېيتېل ۋە قولىنى داكا بىلەن ئېسىۋالغان جودلممۇ كېلىپ يىغىلىپ ساقلايدۇ، ئەمما ھېلىغىچە ئۈنئالغۇ ماشىنىسىدىن خەۋەر يوق ئىدى. ھىتلېر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ قېتىمقى سۈيىقەست ۋەقەسىگە تېخىمۇ رەڭ كىرگۈزۈپ ئېچىتىپ تۇنۇشتۇرۇشقا كىرىشىدۇ: «بۇ قورقۇنچاقلار! — دەپ ۋارقىرايتتى ھىتلېر، — ئۇلار ئەنە شۇنداق قورقۇنچاق بىر نېمىلەر! ئەگەر ئۇلاردا يۈرەك بولسا ئىدى مېنى ئاشكارە ئوق چىقىرىپ ئېتىپ ئۆلتۈرەلىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىدى. شۇ چاغدا مەن ئۇلارنىڭ جاسارىتىگە ھۆرمەت قىلغان بولار ئىدىم. ئەمما بۇ قورقۇنچاقلارنىڭ جېنى بەك تاتلىق نەرسىلەر، تەۋەككۈلچىلىككە ھەرگىز پېتىنالمايدۇ بۇ قورقۇنچاقلار!»
ئۈنئالغۇ ماشىنىسى ئاخىرى يېتىپ كېلىدۇ. 21-ئىيۇل تۈن يېرىمى سائەت بىرنى كۆرسەتكىنىدە، گېرمانىيىدىكى بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى رادىئولاردا ھەربىي ئوركىستېر ياڭرايدۇ، ئارىدا تۇختىتىلىپ ھىتلېرنىڭ نۇتقى باشلىنىدۇ. ھىتلېر رادىئو نۇتقىدا بۇ قېتىمقى سۈيىقەست ئۈستىدە يېقىن سەبداشلىرىنىڭ ياردارلانغانلىقى ۋە قۇربان بولغانلىقى ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى خاتا ئەقىدىسىنى، يەنى سۈيىقەستچىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز سانلىق بىر ئۇچۇم ئۇنسۇرلاردىنلا ئىبارەت، ئۇلارنىڭ گېرمانىيە ئارمىيە-خەلق بىلەن قىلچە ئورتاقلىقى يوق دېگەن خاتا قارىشىنى قايتا قايتا تەكىتلەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر ئۇچۇم جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى تىزلىكتە قەتئى رەھىم قىلماستىن جازالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ: «بىز مۇنداق بىر تەغدىردىن ساقلىنىپ قالالىدۇق: بۇ ئىش مېنىڭ ئۈچۈن ئۇنچىۋالا قۇرقۇنۇچلۇق بىر ئىش ئەمەس. ئەمما بۇ ئىش نېمىس خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا بەكلا قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق بىر تەغدىردە، مەن تەڭرىنىڭ بىشارىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم: مەن چوقۇم، ۋە قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ۋەزىپەمنى ئادا قىلىشىم كېرەك.»
ئۇ نۇتقىنى تۈگەتكەندىن كېيىن گيۆرىڭمۇ قىسقىچە سۆز ئالىدۇ. ئۇ سۆزىدە ھاۋا ئارمىيىسىگە ۋاكالىتەن فۈھرېرگە قەتئى ساداقەتلىك بولىدىغانلىقىنى، ئۇنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ دۆنىتز دېڭىز ئارمىيىسىگە ۋاكالىتەن دېڭىز ئارمىيىسى بۇ قېتىمقى فۈھرېرگە سۈيىقەست قىلىشتەك جىنايى قىلمىشتىن چەكسىز نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كەينىدىنلا ھۆكۈمەت تەرەپ رەسمىي تۈردە، بۇ قېتىمقى سۈيىقەستلىك سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغۇچىلارنىڭ كاتتىباشلىرى، يەنى شۇ جىنايەتكار ئوفىتسېرلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقىنى ياكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. «ھېچ بىر يەردە ۋەقە چىقمىدى. ھازىرغىچە ھەممە يەر تىنچ. بىز بۇ جىنايىي قىلمىش بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئۇنسۇرلارنى چوقۇم تازىلاپ چىقىمىز.» بۇ گەپلەر پارىژدىكى سۈيىقەستچى كاتتىباشلارنى قاتتىق چۈچىتىۋېتىدۇ.812 ئۇلار رافائېل مېھمانخانىسىدىكى ئوفىتسېرلار كلوبىدا بىر يەرگە يىغىلىپ رادىئو ئاڭلايدۇ. سەل ئاۋال، ئۇلار بۇ رايوندىكى ئېس-ئېسچىلارنىڭ گازارمىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تۈردە ئىشغال قىلىپ فرانسىيىدىكى ئىككى نەپەر ئېس-ئېس يوقۇرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرىنى، يەنى كارل ئوبېرگ بىلەن ھېلمۇت كنوچېنلەرنى قولغا ئالغان ئىدى. گېنېرال ۋون ستۈلپناگېل بىر تەرەپتىن رادىئو ئاڭلىغاچ خىيالغا پاتىدۇ: بۇ خەۋەر بىر ھېساپتا ئۇلارنىڭمۇ ئۆلۈم جازا ئېلانى ئىدى. ئەمما ئۇ يەنىلا ئاز-تۇلا ئۈمىدۋار ئىدى: بەلكىم ئوبېرگ بىلەن كنوچېن ئىككىسى ئۇنى ھىمايە قىلىپ چىقىشى مۇمكىن دەپ ئۈمىدلىنەتتى. شۇڭا ئۇلار قولغا ئالغان بۇ ئىككىلا كىشىنى قويىۋېتىدۇ ھەمدە ئۇلارنى يەنە رافائېل مېھمانخانىسىغا كەلتۈرۈپ جايلاشتۇرىدۇ. ستۈلپناگېل ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرمەكچى بولىۋىدى ئوبېرگ ئېتىلغىنىچە بېرىپ گېنېرالنىڭ ياققىسىغا ئېسىلىدۇ. باش ئەلچى ئوتتو ئابېتز دەرھال ئارىغا كىرىپ ئۇلارنى ئايرىيدۇ: «بېرلىندا يۈز بەرگەن ئىشلار باشقا بىر ئىش، — دەيدۇ باش ئەلچى، — بۇ يەردە نورماندىيە ئۇرۇشى قاتتىق قىزىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشقا مەركەزلەشكىنىڭلار تۈزۈك. بۇ يەردىكى بىز نېمىسلار ئىتتىپاقلىقنى ساقلىشىمىز كېرەك.» بۇ گەپلەردىن كېيىن ئوبېرگ ئاران تىنجىپ، كنوچېن بىلەن مەخپى ئۇچۇرۇشۇپ، ھىملېرنىڭ گېرمانىيە مەركەزى ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسىغا بىرلىكتە قارشى چىقىشقا ماقۇل بولىدۇ. ئۇلار، ئېس-ئېس خادىملىرى بىلەن ئامانلىق ساقلاش باشقارمىسىدىكى خادىملارنىڭ قولغا ئېلىنىشى پۈتۈنلەي ئوبېرگ بىلەن ستۈلفناگېن ئىككىسىنىڭ ئوينىغان ئويۇنى ئىكەنلىكىنى، شۇ ئارقىلىق قوزغىلاڭچىلارنى ئالدىماقچى بولغانلىقى ھەققىدە كېلىشىدۇ.
ھىتلېر نۇتۇقىنى تاماملىغاندىن كېيىن دەرھال ئۆز ئىستىھكامىغا كىرىپ كېتىدۇ. دوختۇر مورېل ئۇنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. فۈھرېر ئۇنىڭدىن يارىسىنىڭ بەك ئېغىر ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ سىرداشلىرى چايخانىدا دوختۇرنىڭ دىئاگنوز نەتىجىسىنى كۈتمەكتە ئىدى. موللېر قايتىپ بېرىپ ئۇلارغا ھىتلېرنىڭ يۈرەك سوقۇشى نورىمال، ھەممە ئىش جايىدا دەپ ئۇقتۇرىدۇ. فۈھرېر گەرچە كۈندۈزدىكى ۋەقەدىن قاتتىق چۈچۈپ كەتكەندەك قىلسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۇنىڭغا قارشى تۇرىۋاتقان سۈيىقەستچىلەر دائىرىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى يوق ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ بىر شەكىلدە ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ چىققانلىقىدىن يەنىلا خۇشال ئىدى. ئۇ پارتلاشتا تىتىلىپ كەتكەن ئىشتىنىنى بېرچتېسگادېندا تۇرىۋاتقان ئېۋا براۋنغا ساقلاپ قويۇشى ئۈچۈن ئىۋەرتىپ بېرىدىغان بولىدۇ. بۇ ئىشتاننىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئاسارە ئەتىقە بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. بۇ ئىشتان، تەڭرىنىڭ ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى تامالىشىغا قارار قىلغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى ھېساپلىناتتى.
7
21-ئىيۇل تۈن يېرىمىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئوتتو سكورزېنىي بېندلېر كوچىسىنى پۈتۈنلەي تېزگىنلەپ بولىدۇ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەباش قۇماندانلىق شىتابىدىكى كۈندىلىك خىزمەتلەرمۇ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇ، ستاۋفېنبېرگنىڭ بىخەتەرلىك ساندۇقىدىن ئىسيانغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلى مەلۇماتلار تېپىلغاندىن كېيىن سۈيىقەستكە چېتىلغان بىر مۇنچە ئوفىتسېرنى قولغا ئالىدۇ.
تەشۋىقات مىنىستىرلىكىدىمۇ گيۆبېلس بىلەن ھىملېر ئىككىسى فرومنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇنچە گېنېرالنى سوراق قىلىدۇ. سوراقتا گېنېراللارغا بەكلا ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىنىدۇ، ئۇلار ۋىسكى ئىچىپ قارا تاماكا چېكىشەتتى، يەنە بىر قىسىم گېنېراللار، ئالايلۇق كورتزفلېيىش گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن ئۆيىگە كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. تاڭغا يېقىن سائەت 4 بولغاندا تەكشۈرۈش ئىشلىرى تاماملىنىدۇ. گيۆبېلس ئىنتايىن خۇشال بىر قىياپەتتە ئىشخانىسىدىن چىقىپ، «ئەپەندىلەر، توپىلاڭ ئاخىرلاشتى» دەپ ئېلان قىلىدۇ. ئۇ، ھىملېرنى ئاپتوموبىلىغىچە ئۇزۇتۇپ بۇ كونا رەقىبى بىلەن ئۇزۇنغىچە قول سىقىشىپ خوشلىشىدۇ. ئاندىن بىناغا قايتىپ كىرىپ قولغا كەلتۈرگەن بۇ ئۆچمەس ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلىشىپ يېقىنلىرى بىلەن بىرلىكتە تەنتەنە قىلىدۇ. گيۆبېلس بەكلا خۇشال ئىدى. ئۇ ئورۇندۇققا پۇتىنى قويۇپ فۈھترېرنىڭ يېرىم مىس ھەيكىلىگە يۈلەنگىنىچە «بۇ بىر قەلىپلەرنى ساپلاشتۇرۇش دولقۇنى بولدى، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بۇ قورقۇنۇشلۇق خەۋەر يېتىپ كەلگىنىدە بۇ ئىشلارنىڭ بۇنچە سىرلىق بىر شەكىلدە شۇنچە تىز يىغىشتۇرۇلىدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىلەر، بۇ ئىشلارنىڭ شۇنچە پۇختا پۈتىدىغانلىقىنى كىممۇ خىيالىغا كەلتۈرەلىگەن؟» بۇ ھەقىقەتەنمۇ كەم-كۈستىسىز بىر مۇجىزە ئىدى.813 ئەگەر ھىتلېر راستىنلا ئۆلگەن بولسا ئىدى، خەلق بۇنى تەڭرىنىڭ جازاسى دەپ ئويلايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. «تارىخ پاكىتقىلا ئەمەل قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ھەرگىز مۆلچەرلىگىلى بولمايتتى. بۇ قېتىمچۇ؟ بۇ قېتىم خەلق بىز تەرەپتە.» شۇنداق ئىكەن، بۇ قېتىمقى سۈيىقەست ھەرىكىتىنى گېزىتلاردا ئەھمىيەتسىز ھالغا كەلتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئاگېنتلىقلارغا تەلىمات يوللىشىمىز كېرەك دەيدۇ.
«بۆرە ئىنى» دە بولسا، بورمان جايلاردىكى مەسئۇل كادىرلارغا يوليورۇق بېرىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. تاڭ سەھەر سائەت 3 تىن 40 مىنوت ئۆتكەندە ئۇ يەرلىك مەسئۇللارغا يوليورۇق بېرىپ، «توپىلاڭنى ئاخىرلاشتى دەپ ئېيتساق بولىدۇ» دەپ ئۇختۇرىدۇ. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇ ھىملېرنىڭ «ئىپادىسى يۇمشاق بولغان، ھەتتا ئاشكارە دۈشمەنلىك ئىپادىلىگەن ئوفىتسېرلارغىمۇ ئايرىم ھەرىكەت قوللىنىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىمەن» دېگەن جىددى تەلىبىنى يەتكۈزىدۇ. مۇنداق ئېيتقاندا، ھىملېر ئۆزىنىڭ تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى ئىدى. ئەسلىدە ئۇ، 11 يەردىكى 400 نەپەر مەسئۇل خادىمدىن تەشكىل تاپقان بىر ئورگان قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بۇ ئىشنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ چىقماقچى بولغان ئىدى.
پارىژدا بولسا، كلۇگنىڭ شىتاپ كوماندىرى، فرانسىيىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىككى نەپەر ئېس-ئېس ئەمەلدارى بولغان ئوبېرگ بىلەن كنوچېن ئىككىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا كلۇگ بىلەن ستۈلپناگېل ئىككىسىنىڭ جىنايىتىنى يېپىپ ئۆتكۈزىۋېتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىدى. ئەمما بېرلىنغا قايتىپ تەييار بولۇشى توغرىسىدا بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، تېخى يېقىنلارغىچىلا «چاقنىغان شەھەر» دە، يەنى پارىژنىڭ قايمىقىنى يەپ كەلگەن ستۈلپناگېل، ئەندى پۈتۈن ئۈمىد تۈگىدى دەپ ھېسابلاپ ئايروپلانغا ئولتۇرۇپ مېڭىش ئورنىغا شۇ كۈنى ئەتىگەن يامغۇرغا قارىماي ماشىنىلىق بېرلىنغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. گېنېرال، شوپۇرىغا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى كاتېئاۋ-تيېررىي قورغىنى بىلەن ئارگون ئورمانلىقىدىكى شۇنىڭدەك 1916-يىلى نۇرغۇنلىغان دارمستادت ئالاھىدە كورپۇسىدىكى سەبداشلىرىنىڭ ئېسسىق قېنى بىلەن بويالغان ئۇرۇش مەيدانى سېداندىن كېسىپ ئۆتۈشنى بۇيرۇيدۇ. پۈتۈن چۈشتىن كېيىن، بۇ ئېچىنىشلىق سەپەردە «شامالدىغاچ پىيادە ماڭاي» دەپ ئاخىرى ماشىنىدىن چۈشىۋالىدۇ. مېۋس قانىلى بويىغا كەلگىنىدە كىچىك بىر قىيالىق تاغ ئارقىسىدا غايىپ بولىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي شوپۇر بىر پاي ئوق ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ. بەلكىم ئىككى پاي بولىشىمۇ مۇمكىن. شوپۇر قانالدىكى سۇدا ئوڭدىسىغا لەيلەپ ئېقىپ كېتىۋاتقان بۇ گېنېرالنىڭ بەدىنىنى كۆرىدۇ. گەرچە ستۈلپناگېل تېخى ئۆلمىگەن بولسىمۇ، بۇنداق قىلمىغىنىدا ئۆزىنىڭ شەكسىز جىنايەت بىلەن شوغۇللانغانلىقى ئىسپاتلىنىپ چوقۇم دارغا ئېسىلىدىغانلىقىنى ئويلىغان بولىشى كېرەك، ئۇ ئۆزىنى ئېتىۋالغان ئىدى.
«بۆرە ئىنى» دە، ھىتلېرنىڭ بېشىدىكى يارىسىنى ھەقىقەتەنمۇ سەل قاراشقا بولمايتتى. ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقى پاڭ بولۇپ قالغان، ئىككىلا كۆزى ئوڭغا قاراپ تىنماي لىپىلداپ تۇراتتى. شۇ ئاخشىمى، سىرتتا شامالدىغاچ ئايلىنىپ يۈرگىنىدە ئىككى قېتىم يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ. دوختۇر كارل براندت ئۇنى بىر قانچە كۈن يېتىپ ئارام ئېلىشىنى جېكىلىگەن بولسىمۇ، «ياق، ھەرگىز ئارام ئالالمايمەن، قىلىدىغان ئىشلىرىم بەكلا كۆپ» دەپ باھانە كۆرسىتىپ ئۇنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر چەتئەللىك مېھمانلار بۇنچە ساغلام بىرسىنىڭ يوتقانغا پۈركۈنۈپ يېتىۋالغىنىنى كۆرگىدەك بولسا ھەقىقەتەنمۇ بەكلا كۈلكىلىك ئىش بولار ئىدى.
ئەتىسى، قۇلىقى تىنماي ئاغرىپ تۇرىۋاتقىنىغا قارىماي ئۇ يەنىلا چىداشلىق بېرىپ يېقىندىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا بېرىپ يارىلانغان ئوفىتسېرلارنى يوخلايدۇ. قاتاردا ئىككىسى جان تالىشىش ھالىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. گېنېرال شمۇندتنىڭ يارىسىمۇ بەكلا ئېغىر ئىدى. ھىتلېر ئۇلارغا بەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ يەنە شۇ ياتاقتا بىرگە ياتقان ئىككى نەپەرت دېڭىز ئارمىيە خادىمى پۇتكامېر بىلەن ئاسسىمانغا دەردىنى تۆكۈپ ئىچىنى بوشىتىدۇ. ھىتلېر ئاسسىماننىڭ كارىۋىتىغا ئولتۇرغىنىچە ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق سۈيىقەست ھەرىكىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرى بولۇپ قالغانلىقىغا قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈدۇ. «ئەسلىدە ئۇ ئەپەندىلەرنىڭ كۆز تىككىنى مەن ئىدىم. ئۇلار پەقەتلا مېنىلا كۆزلىگەن ئىدى. — دەيدۇ ئۇلارغا. ئەمما مۇجىزىۋىي بىر شەكىلدە ئۆزىنىڭ ئۆلۈمدىن ساق قۇتۇلۇپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ، — بۇ دېگەن تەقدىرنىڭ مېنى ۋەزىپەمنى ئادا قىلىشقا بەرگەن بىر بىشارىتى. سىلەرچە شۇنداق ئەمەسمۇ؟» ھىتلېر، 20-ئىيۇل كۈنى،814 «ئۇ كۈن پەقەت شۇنىڭلا بىشارىتى، يەنى تەڭرىم مېنى نېمىس خەلقىنى يا ئاخىرقى مەغلوب بولۇش ياكى بولمىسا غەلىبىگە قاراپ يېتەكلەپ مېڭىشىمغا چاقىرىق قىلغىنىدىن باشقىچە چۈشىنەلمەيمەن.»
ۋاقىت سائەتلەپ ئۆتمەكتە ئىدى. ھىتلېرنىڭ قۇلاق ئاغرىقىمۇ بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ؛ دوختۇر مورېل چارىسىز پروفېسسور ۋون ئېيكېننى كېلىپ تەكشۈرۈپ كۆرىشىنى تەكلىپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ پروفېسسور بېرلىندىكى داڭلىق بەش ئەزا مۇتەخەسسىسى بولۇپ، 1935-يىلى فۈھرېرنىڭ بوغۇزىنى ئاپاراتسىيە قىلغان كىشى ئىدى. ئەمما بۇ پروفىسسور ئۆيىدە بولمىغاچقا چارىسىز خوشنا بىر قۇرۇقلۇق ئارمىيە دوختۇرخانىسىدىن بەش ئەزا مۇتەخەسسىسىدىن بىرنى تەكلىپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ دوختۇرنىڭ ئىسمى ئېرۋىن گيېسىڭ بولۇپ، خۇسۇسىي دوختۇرخانىسىنى ئېچىشتىن بۇرۇن پروفېسسور ئېيكىننىڭ بالنىسىدا ئىككى يىلدەك ئىشلىگەن دوختۇرلۇق تېخنىكىسى ئالاھىدە يوقۇرى بىرى ئىدى. دوختۇر گيېسىڭ، فۈھرېرنىڭ قۇلاق پەردىسى يىرتىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئىچكى قۇلاق پەردىسىمۇ زەخمىلەنگەنلىكىنى تېپىپ چىقىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئەگەر ئورتا قۇلاق يىرىڭلاپ كەتمەيدىغانلا بولسا بەك قورققىدەك ئەھۋال يوقلىقىنى ئېيتىدۇ.
دەل شۇ پەيتتە، دوختۇر مورېل ھاسىرىغىنىچە كىرىپ كېلىدۇ. ئۇ ئېغىر سۆزلەر بىلەن گيېسىڭنى نېمىشكە ئاۋال مەن بىلەن كۆرۈشمىدىڭ دەپ قاتتىق تەنقىتلەپ كېتىدۇ. «بىر ئوفىتسېر بىرەر مەمورى خادىمنىڭ ئەمەس بەلكى باشلىقىنىڭلا بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلالايدۇ» دەپ قوپاللا ئېيتىدۇ. ھىتلېر ئۇلارنىڭ نېمە دەپ تالىشىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىيالمىغان بولىسىمۇ مورېلنىڭ قاتتىق خاپا بولۇپ كەتكەنلىكىنى سېزىدۇ. «بولدى قويۇڭ قەدىرلىك پروفېسسور، تالىشىپ نېمە قىلىسىز، گيېسىڭمۇ ۋون ئېيكىننىڭ قولىدا ياردەمچى بولۇپ ئىشلەپتىكەن. ئۇ ماڭا، ئەگەر قاناش توختىمىغىدەك قىلسا ئەتە قۇلىقىمغا كىچىك بىر ئاپارتسىيە قىلىپ قۇلاق پەردەمنى تازىلىماقچى بولدى» دەيدۇ. مورېل ئۇنىڭغا ئاۋال قان توختۇتۇش ئوكۇلى قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى دېگەن بولسىمۇ بۇ رېتسىپنى ئۇنىڭ بىر رەقىبىنىڭ ئاچقان دورىخانىسىغا قارىتىپ يازغانلىقى ئۈچۈن بېرلىنغا دورا ئالدۇرۇشقا ئادەم يوللاشقا بەك قىزىقمايدۇ.
ھىتلېرمۇ ئوڭ قۇلىقىنىڭ مەڭگۈلۈك ساغرو بولۇپ قالىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنگەن بولسىمۇ روھى ھالىتى يەنىلا ئالاھىدە كۆتۈرەڭگۈ كۆرۈنەتتى. ئۇ يەنە ماشىنكىنىڭ ئالدىغا ئولتۇرۇپ خۇددى توخو دان چوقۇلىغاندەك «قىزچىقىم» غا خەت يېزىشقا كىرىشىدۇ. قىزچاق، بۇ سۆز ئۇنىڭ ئېۋا براۋنغا قويىۋالغان ئىسمى ئىدى. ئۇ خەتكە يەنە پارتلاش يېرىنى كۆرسىتىدىغان سخېمىدىن بىرنى قوشۇپ قويىدۇ. ئۇ ئېۋاغا، ئەھۋالىم ياخشى، پەقەت ئۆزەمنى ھاردۇق يەتكەندەكلا ھېس قىلىمەن، «مەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالدۇرىراق قايتىپ كېتىپ ياخشىراق ئارام ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزەمنى ساڭا تاپشۇرۇشنىلا ئويلىماقتىمەن. جىمجىتچلىققا بەكلا مۇھتاجمەن» دەپ يازىدۇ. ئېۋامۇ دەرھال جاۋاپ قايتۇرۇپ (ئۇنىڭ ئىشلەتكەن سالام خەت قەغىزى ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ بىرىنچى ھەرىپىدىن ياسالغان نەقىشلەر بىلەن بىزەلگەن قەغەز ئىدى)، بەكلا ئەنسىرىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. «سىزنىڭ سۈيىقەستچىلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشكە قىل قالغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ بەكلا پاراكەندە بولۇپ كەتتىم” دەپ يازىدۇ.
ئۇ خېتىدە، ئەگەر ھاياتىڭىزغا بىرەر خەۋىپ كېلىپ قالغىدەك بولسا مەنمۇ بۇ دۇنيادا ياشىيالمايمەن، «مەن سىز بىلەن تۇنجى كۆرۈشكىنىمدىن تارتىپلا ئۆزەمگە سىز يەر تېگىگە كىرسىڭىزمۇ قەتئىي بىرلىكتە بولىمەن، دەپ قەسەم قىلغان ئىدىم. ئەگەر ئۆلسىڭىزمۇ سىز بىلەن بىرگە ئۆلىمەن. سىزگە مەلۇم بولغىنىدەك مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىم سىزنى ياخشى كۆرۈش ئۈستىگىلا قۇرۇلغان» دەيدۇ.
23-ئىيۇل كۈنى، گېستاپو تەكشۈرۈش ئۆمۈكىدىكىلەر پارتلاپ كەتكەن بىر ئۆينىڭ خارابىلىرى ئارىسىدىن بىر قىسىم خاتىرە دەپتەرلەرنى قولغا چۈشەرگەن بولۇپ، بۇ خاتىرىدە ئادمىرال پولكوۋنىك كانارىس ۋە ئۇنىڭ بەزى مۇھىم ئادەملىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسىگە چېتىلغانلىقى يېزىلغان ئىدى. ئادمىرال پولكوۋنىك كانارىس بىلەن سابىق ئىقتىسادىي ئىشلار مىنىستىرى شاچت ئىككىسى قولغا ئېلىنىدۇ. دەسلىۋىدە، ھىتلېر شۇنچە يوقۇرى دەرىجىلىك ھەمدە شۇنچە نۇرغۇن خادىملارنىڭ بۇ قېتىمقى سىياسى ئۆزگىرىش سۈيىقەستىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە ھەر قانچە قىلىپمۇ ئىشەنگىسى كەلمەيتتى. ئۇ دەسلىۋىدە بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلغانلارنى ئازغىنە بىر ئۇچۇم ۋەتەن ساتقۇچلار دەپلا قارىغان ئىدى؛ يوقۇرىدىكى پاش قىلىنىش، ئۇنىڭ بۇنداق قارىشىنى پۈتۈنلەي رەد قىلىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇنىڭدىن قاتتىق زەربە يەيدۇ. «مەن ھاياتىم بويىچە شۇنچە ئېغىر غەم ئىچىگە پېتىپ قالغان بىرى ئىدىمكى، بۇ غەمدىن پەقەت ئۆلۈملا مېنى ئازات قىلالىشى مۇمكىن» دەپ دەرت تۆكىدۇ تراۋدل جيۇڭغا. يەنە بىر كاتىپىمۇ، سىزمۇ گەپ ئاڭلىماس بولىۋالدىڭىز، «ماڭا قاراڭ، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراڭ، يا بولمىسا سىزمۇ خۇددى مېنىڭ گېنېراللىرىمغا ئوخشاش بىر خائىن ئەمەستۇرسىز ھە؟” دەپ بۆرە ئىتىغا ۋارقىراپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالىدۇ.815
ھىتلېر، ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن ۋەزىيەت ئانالىزى يىغىنىدا ئېنگلىزلارنىڭ ستاۋفېنبېرگنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ئېيتىپ، كىشىلەرنى سۈيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنغان كىشىلەرنىڭ ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەسلىكىگە ئىشەندۈرمەكچى بولىدۇ. «ئەڭ مۇھىمى، پۈتۈن دۇنياغا ئوفىتسېرلار ئىتتىپاقىدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ بۇ چوشقا كۈچۈكلىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېلان قىلىش كېرەكلىكىنى» ئۇقتۇرىدۇ. شۇڭا، مەتبۇئات ساھەسىدە بېندلېر كوچىسىدىكى كوماندىرلار بۇ بىر ئۇچۇم خائىنلارنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ قوشۇپ بولغىۋېتىشىنى توساپ قېلىپ، نەق مەيداندا 4 نەپەر خائىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ تەشۋىق قىلىش كېرەكلىكىنى دەپ كېلىپ، «گەرچە بىز بىر سىھىرلىك قولنىڭ بىزگە شۇنچە پايدىلىق بىر شارائىتتا پارتلاتقۇچ بىلەن قېشىمىزغا كىرىپ كېلىشىنى كۆرەلمىگەن بولساقمۇ، مەن يەنىلا ئۆزەمنى رەسمى بىر پسىخولوگدەكلا ھېس قىلمەن. ئەگەن مەن قالغان كىشىلەر بىلەن بىراقلا پارتلاپ ئۆلگەن بولسا ئىدىم، ئاپەت دېگەن شۇ چاغدا ئوتتۇرغا چىققان بولاتتى.»
ھىتلېرنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن گيۆبېلس پۈتۈن مەملىكەتكە رادىئو نۇتقى سۆزلەيدۇ. بۇ قېتىمقى نۇتقى ئاجايىپ ماھارەت بىلەن تەييارلانغان بىر نۇتۇق بولۇپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن ئالغان تەجرىبە ساۋاقلار ئىنتايىن ھاياجانلىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇلغان ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرىدىغان بىر نۇتۇق ئىدى. ئۇ، ستاۋفېنبېرگنى گويا بىر ئالۋاستىغىلا ئوخشىتىپ تەسۋىرلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئاز سانلىق بىر قىسىم ئوفىتسېرلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ھەرگىزمۇ پۈتكۈك قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكىلەرگە ۋاكالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ ستاۋفېنبېرگكە ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ غەرپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يۈرگەن بىرسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سۈيىقەست پىلانلىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ 4 تۈرلۈك پاكىتنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ: ئۇلارنىڭ گېزىتلىرىدا، بىر قىسىم گېرمانىيە گېنېراللىرىنىڭ ھىتلېرغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى توختىماي تىلغا ئېلىپ كەلگەن؛ ئىشلەتكەن بومبىسىمۇ ئەنگلىيەدە ئىشلەنگەن بومبا ئىكەنلىكى؛ ستاۋفېنبېرگنىڭ ئەنگلىيە ئاقسۈڭەكلىرى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋىتى بار بىرسى ئىكەنلىكىنى، پارتلاش خەۋىرى لوندونغا يېتىپ بېرىشى ھامان لوندون مەتبۇئاتلىرى گېرمانىيىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي يىمىرىلىپ كىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى يېزىشتى دەيدۇ.
يەرلىك مەسئۇللار، گيۆبېلسنىڭ تەشۋىقاتى خەلق ئاممىسىنى ئۈنۈملۈك تۈردە ھەرىكەتكە كەلتۈرەلىدى دەيدىغان دوكلاتلار يوللايدۇ. ئالايلۇق، براۋۇنشۋېيگدىكى بىر دوختۇرخانىدا بىمارلار ئۆزلىكىدىن فۈھرېرنىڭ ھەر بىر پارچە رەسىمىنى گۈل-چېچەكلەر بىلەن پۈركۈپ چىققانلىقىنى، يەنە نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە ساداقەت كۆرسىتىش نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى دوكلاد قىلىشىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلىرىغا بۇ قېتىمقى سۈيىقەستلىك ھەرىكەت ئەكسىنچە گېرمانىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن ئافرىقا بىلەن رۇسىيەدە ئەسكىرى جەھەتلەردە قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى، يەنى ئۇرۇش جەريانىدا خائىنلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى نەتىجىسىدە فۈھرېرىمىزنىڭ بۇيرۇقلىرى ھەر قايسى دىۋىزىيىلەرگە يەتكۈزۈلۈش توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىدىن بولغانلىقىنى ھە دەپ تەشۋىق قىلىشقان.
25-ئىيۇل كۈنى، دوختۇر ۋون ئېيكىن بېرلىندىن كەلگىنىدە فۈھرېرنىڭ قىزغىن كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشىدۇ. فۈھرېر ئۆزى ئۈستىدە پەرىزىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، بەكلا كۆپ باش ئاغرىقى ئىشلىرى بولغانلىقى سەۋەبىدىن «كۆپ بولسا ئارانلا 2~3 يىللا ياشىيالىشىم مۇمكىن» دېگەن پەرىزىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئۇ، شۇ كۈنلەردە ئۆزىمۇ ۋەزىپىسىنى تاماملىغان بولىدىغانلىقىنى، قالغان ئىشلارنى باشقىلار داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلەيدىغانلىقىدىن خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇ ئازاپلانغان ھالدا ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ نەلىرى ئاغرىىيدىغانلىقىنى تەپسىلى ئېيتىپ بېرىدۇ.
دوختۇر گيېسلىڭ، ئىنتايىن پۇختا ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى بارلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ يۈرەتتى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي يەنىلا ھىتلېرنىڭ دېگەنلىرىنى يوشۇرۇن تۈردە بىرنىمۇ قويماي سېرىق تاشلىق بىر دىئاگنوز خاتىرىسىگە يېزىپ قالدۇرىۋالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ خاتىرىسىنى باشقىلار ئوقىۋالمىسۇن دەپ شىفىيرلىق سۆزلەر بىلەن لاتىن ھەرىپلىرىدە خاتىرە قالدۇرغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە بەزى مۇھىم يەرلىرىنى پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغان مەخپى بەلگىلەر بىلەن ئىشارەتلىگەن ئىدى. پروفېسسور ۋون ئېيكىن، دوختۇر گيېسىڭنىڭ دىئاگنوزىنى ھەمدە ئۇنىڭ داۋالاش ئۇسلىنى توغرا دەپ بېكىتكەن ئىدى. ئەمما فۈھرېر، ھېچ بولمىغاندا بىر ھەپتە كارىۋاتتىن چۈشمەي يېتىشى ھەققىدىكى تەكلىپىنى قەتئى رەت قىلىدۇ. «ئەندى بىلدىم: سىلەر يوشۇرۇن كېلىشىۋاپسىلەر، سىلەر مېنى راستىنلا رەسمى بىر كېسەلگە ئايلاندۇرماقچى ئىكەنسىلەر.»
ھىتلېر، ئەتىسى گيېسىڭغا سول قۇلىقىمدىن ھېلىغىچە قان چىقىپ توختىمايۋاتىدۇ، يەنە بىر قېتىم دېزېنفېكسىيە قىلغان بولسىڭىز، دەپ تەلەپ قىلىدۇ. ھەر قانچە ئاغرىپ كەتسىمۇ مەيلى دەيدۇ. ئۇ سەل ئويلىنىپ تۇرىۋېلىپ،816 ئاغرىق كىشىنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتالايدۇ دەيدۇ. بىر مىنوتتىن كېيىن ئۇ دېگىنىنى راستىنلا ئىسپاتلاپ كۆرسىتىدۇ: بىر ئاديۇتانت سۈيىقەست ھەققىدىكى دوكلاتنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ. «مانا قاراڭلار، — دەيدۇ ھىتلېر دوكلاتنىڭ ئوقىغاچ، — مەن ھېلدورفنىڭ بۇنداق بىر لۈكچەك ئىكەنلىكىنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن ئەمەسمۇ. — دەيدۇ قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، — مەن بۇ خائىنلارنى چوقۇم تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايمەن.» ئۇ يەنە ستاۋفېنبېرگنىمۇ قورقۇنچاق مەلئۇن دەپ تىللىۋالىدۇ. «ھېچ بولمىغاندا سومكىسى بىلەن يېنىمغا كىرىپ تۇرغىدەك جاسارەتنى بولسىمۇ كۆرسىتەلىگەن. ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇنىڭغا بەكلا ئاز!»
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ ھىتلېر ئۇيقىسى كەلمەي قىينالغانلىقىدىن دەرتلىنىدۇ. گيېسىڭ ئۇنىڭغا، ھەر ئاخشىمىقى چاي مۇراسىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇڭ دەپ مەسلىھەت بېرىدۇ. ئۇنىمۇ قىلىپ باقتىم، ئۇ چاغدا ئۇخلىمىقىم تېخىمۇ تەسلىشىپ كېتىدىكەن دەيدۇ ھىتلېر. «مەن ئاۋال ئۆزەمنى يەڭگىل ھېس قىلىدىغان ھالغا كېلىۋېلىشىم، باشقا ئىشلارنى ئويلاشقا تىرىشىپ بېقىشىم كېرەكتەك قىلىدۇ. بولمىسا، مەن يەنە شۇ ئالىي قۇماندانلىق شىتابىدىكى خەرىتىلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئۆزەمنى قىيناپ كېتىدىكەنمەن. كاللام ئۇ ئىشلارغا بەكلا مەشغۇل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن ئۇ خىياللاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر قانچە سائەت ئاۋارە بولۇپ كېتىمەن. ئەگەر چىراق يېنىپلا تۇرىدىكەن، پۈتكۈل توپكورپۇسلىرىمىزنىڭ خەرىتىدىكى ئورنىنى بىردىن-بىر كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ تۇرىۋالىدىكەنمەن. ھەتتا ھەر بىر دېۋىزىيىنىڭ نەدە تۇرۇشىدىن تارتىپ كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىۋالىدىكەنمەن. مەن شۇلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ سائەتلەرچە كۆزۈمنى يۇمالماي يېتىپ كېتىمەن. مىڭ تەستە كۆزۈمگە ئۇيقا كەلتۈرەلىگەن بولساممۇ ئۇ ۋاغدا سائەتمۇ 5~6 بولۇپ قالغان ۋاقىتلارغا توغرا كېلىدىكەن. بۇنداق كېتىۋەرسەم سالامەتلىكىمنى بۇزىۋېلىشىم مۇمكىن. ئەمما بۇ مىجەزىمنى ئۆزگەرتەلمىدىم.»
8
ھىتلېر، پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئەتىسى كېسەلچان باش شىتاپ باشلىقى زېيتىزلېرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزى بىلەن پىكىر ئىختىلابى سەۋەبىدىن كىلىشەلمەي ئالدىنقى سەپتىن قايتۇرىۋەتكەن گۇدېرىياننى قويىدۇ. قۇرۇقلۇق ئارمىيەدە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر دېيىشكە بولىدىغان بۇ تانكا قىسىملار مۇتەخەسسىسى راستېنبۇرگقا كېلىپ مەنسەپكە ئولتۇرغان ۋاقتىدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قۇماندانلىق شىتابىنىڭ پۈتۈن ئىشخانىلىرى دېگىدەك قۇپ-قۇرۇق ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. زېيتزلېر بۇ يەردىن قىسمەن يۈزىنى تۆكىۋالغان بىر ھالەتتە ئايرىلغان ئىدى. ھېۋسىنگېرمۇ بۇ يەردىن ئايرىلغان ئىدى. نۇرغۇن ئورۇنلارنىڭ باشلىقلىرىمۇ گېستاپوغا ئالماشتۇرۇلغان ئىدى.
گۇدېرىيان، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ قىلغان تۇنجى ئىشى، بىر پارچە ساداقەت بۇيرۇقى ئېلان قىلىش ھەمدە «قۇماندانلىرىمىز بىردەك ئىتتىپاق ھالىتىدە بولىشى؛ ئوفىتسېرلار ئىتتىپاقىمۇ بىردەك ئىتتىپاق ھالىتىدە بولىشى؛ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىمۇ بىردەك ئىتتىپاق ھالىتىدە بولىشى كېرەك» دەپ ھىتلېرغا كاپالەت بېرىش بولىدۇ. بىر ھەپتە ئۆتمەي گۇدېرىيان تېخىمۇ ئىلگىرى كېتىدۇ: ئۇ، باش قۇماندانلىق شىتابىدىكى ھەر بىر ئوفىتسېردىن مىللىي سوتسىيالىزمنىڭ رەھبىرى ۋە قوشۇمچە ئوفىتسېرى بولۇشىنى بۇيرۇق قىلىپ، «فۈھرېرنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ياش كوماندىرلارغا پائال تۈردە سىياسىي تەربىيە بېرىلىشى» كېرەكلىكىنى، بۇ بۇيرۇققا بوي سۇنمايدىغان ئوفىتسېرلار دەرھال يۆتكۈلۈش ئىلتىماسى سۇنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. دەرۋەقە بوي سۇنمايدىغانلار يوق ئىدى. شۇنداق قىلىپ، 1933-يىلى قۇرۇلغان بۇ تاللانغان قىسىم باش ئەگدۈرۈلۈپ ئېچىنىشلىق ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ.
بۇ كۈنلەردە، نورماندىيە دېڭىز بويى ئۇرۇش سېپىدىكى غەربىي قانات پوزىتسىيەلەر ئامېرىكا تانكىلىرى تەرىپىدىن شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۇچراپ غەربىي سەپ پۈتۈنلەي يىمىرىلىش گىرداۋىغا كېلىپ قالغان ئىدى. 30-ئىيۇل گۈگۈم ۋاقتىدا، ئاۋرانچېس يولىنى تالىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا-گېرمانىيە ئىككى دۆلەت تانكىلىرى بىر-بىرى بىلەن شىددەت بىلەن ئۇرۇشىدۇ. ئاۋرانچېس تار يولى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ فرانسىيە تۈزلىڭىگە چىقىۋېلىشى ئۈچۈن قەتئىي بۆسۈپ ئۆتىشى كېرەك بولغان بىر يول ئىدى. ۋارلىمونت قاتارىدىكى كىشىلەر فرانسىيىدىن دەرھال چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ جودل، فۈھرېرگە بىر پارچە بۇيرۇق لايىھىسىنى سۇنۇپ «مۇمكىن بولسا دېڭىز قىرغىقىدىن چېكىنىش» نى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەتىسى ئاخشىمى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تانكىلىرى ئاۋرانچېس تار يولىغا بۆسۈپ كىرىدۇ.817 بۇ چاغدا ھىتلېر دەرھال غەربىي سەپكە ئاتلىنىپ ئۇرۇشقا ئۈلگىرىپ ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئۆزى بىۋاستە قۇماندانلىق قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، گيېسىڭ بىلەن ئېيكېن ئىككىسى ئۇنىڭ ئايروپلانغا چىقىشىنى توساپ قەتئىي ئۇنىماي تۇرىۋالىدۇ. دوختۇرلارمۇ ئۇنىڭ «بۆرە ئىنى» ئەتراپىدىلا ھەرىكەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، گېئورگ پاتتوننىڭ 6 دىۋىزىيىلىك چوڭ قوشۇنىنىڭ ئاۋرانچېسقا بېسىپ كىرىشىگە ھېچقانداق ئامال قىلالماي قاراپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ. نەتىجىسىدە فرانسىيەنىڭ تەقدىرى بەلگىلىنىپ بولغاچقا ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق ئىدى. ئەمما بۇ، ئۇنى قاتتىق غەمگە قويىدۇ. 1-ئاۋغۇست كۈنى، بەكلا ناچار قۇراللانغان ھەر ياشتىكى 35 مىڭ كىشىلىك پولشا قىسىملىرى ۋارشاۋادىكى گېرمانىيە قىسىملىرىغا قارشى شىددەتلىك ھۇجۇم باشلىرىدۇ؛ ئەتىسى، تۈركىيىمۇ ئۈچىنچى ئىمپىرىيە بىلەن بولغان بارلىق دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ.
ھىتلېر، بۇ تۈر باش ئاغرىقلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. 2-ئاۋغۇست كۈنى، ھىتلېر، يېڭىدىن دوختۇرلۇقنى ئۆگۈنىۋاتقان ستۇدېنت رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ، دوختۇر گيېسىڭدىن ئىچكى قۇلاققا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە سۇئاللارنى سورايدۇ. ئاندىن ئۇ تاشقى كېسەللىككەر دوختۇرىنىڭ ئاق خالىتىنى كېيىپ پىشانىسىغا يۇمىلاق ئەينەكتىن بىرنى تاقاپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن لىنگېنىڭ ئوڭ قۇلىقىنى كۈزىتىدۇ. قۇلاق ئىچىگە قايتا-قايتا قاراپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇ شۇنچە قاراپمۇ ھېچ نىمە كۆرەلمەيدۇ. بۇ چاغدا، گيېسىڭ ئۇنىڭغا ئېلېكتىرلىق ئەينەك بىلەن كۆزىتىشنى ئېيتىدۇ. «ۋاھ، بىر نېمىلەر كۆرگەندەك قىلدىم! — دەيدۇ ئۇ ھەيران بولغان ھالدا، — بىر نەرسىلەر كۆرۈنىۋاتىدۇ، … ساغۇچ بىر سىزىق كۆرگەندەك قىلدىم، راست، بەكلا ئېنىق كۆردۈم؛ بۇ نەرسە ھەقىچان ھەممىگە مەلۇم قۇلاق پەردىسى دېگەن نەرسە شۇ.» ئۇ لىنگېنى يەنە بىر قۇلىقىنى تۇتۇشقا بۇيرۇپ نۇر تەڭشىگۈچنى ئۇنىڭ سول قۇلىقىغا سالىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئىشقا قىزىقىپ قالغان ئىدى. ئۇ كامېرتون بىلەن سېكونتىمېتر ئاۋازى بىلەن لىنگېنىڭ ئاڭلاش قابىلىيىتىنى سىنايدۇ. «دوختۇر ئەپەندىم، — دەيدۇ ھىتلېر سەل تارتىنغان ھالدا، — مەن كىچىكىمدە دوختۇر بولۇشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىم. ئەمما مەن باشقا بىر كەسىپ بىلەن شوغۇللاندىم. شۇندىلا مەن ئۆز تەغدىرىمنىڭ نېمىگە باغلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم.» گيېسىڭ چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ دوختۇر ھىتلېر ئۆز تەكشۈرۈشىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. ئۇ، لىنگې بىلەن يەنە ئىككى نەپەر ئېس-ئېس مۇھاپىزەتچىسىنى چاقىرتىپ كىرىپ تا بۇ ئەسۋاپنى پىششىق ئىشلىتەلەيدىغان بولغىچە ئۇلارنىمۇ قۇلىقىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. ئاندىن ئۇ پروفېرسسور كنىك يازغان بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ھەققىدە يازغان كىتابىنى ئالدۇرۇپ كېلىدۇ.
دەرۋەقە، ھىتلېرنىڭ روھ ھالىتى نىسبەتەن ياخشىلىنىپ قالغاندەك ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا بېشى قېيىشىنى ھېس قىلىپ، يول يۈرگىنىدە خۇددى دېڭىزچىلارنىڭ كېمە ئۈستىدە ماڭغىنىدەك پۇتىنى كېرىپ ئالچاڭلاپ مېڭىشقا مەجبۇر ئىدى. شۇنداق تۇرۇغلۇقمۇ، ئۇ يەنىلا 4-ئاۋغۇست كۈنى يەرلىك مەسئۇل كادىرلارنى تەنقىتلەشتىنمۇ چېكىنمەيدۇ. كېيىن ئۇ، بۇ يەرلىك مەسئۇللار بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ چىقىدۇ. خۇددى دۈسسېلدورفتىن كەلگەن كارل فلورىئانغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ تەسىرلەنگەنلىكىدىن كۆزىگە ياش ئېلىپ يىغلاپ كېتىشىدۇ. «سىلەر مېنى خاتا چۈشىنىپ قالماڭلار، — دەيدۇ ھىتلېر، — گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۆتكەن بىر يېرىم يىل جەريانىدا مەن ئىزچىل تۈردە مېنى چوقۇم بىر كۈنى ئەتراپىمدىكىلەردىن بىرسى چىقىپ ئېتىپ ئۆلتۈرىۋېتىشى مۇمكىن دەپ ئىشىنەتتىم. — ئۇلاردىن بىرەر سۈيىقەست ھەر دائىم پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى پەرەز قىلىپ بېقىشىنى، بۇنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇشلۇق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئويلىنىپ كۆرىشىنى دەپ كېلىپ، — خەلقىمنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ زېھىن سەرپ قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلەمسىلەر؟ مەن تىنماي پىكىر يۈرگۈزۈپ، توختىماي ئويلىنىپلا يۈرىمەن. شۇنىڭدەك دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئۇدۇللۇق ھەل قىلىپ تۇرمىسام بولمايدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىلا ماڭىلا قاراشلىق، ھېچكىمنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيمەن، ھەتتا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بەكلا كۆپ كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە ئىشلەشكە مەجبۇر بولىمەن.» بۇ تۈر كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدىغان نۇتقىنى تاماملىغاندىن كېيىن كۆپچىلىك چۈشلۈك تاماققا ئولتۇرىدۇ. ھەممىنىڭ ئالدىدا بىر بانكتىن ئىچىملىكمۇ بار ئىدى. ھىتلېر ئاستا قوزغىلىدۇ. «مەن قايتاي، — دەيدۇ ھىتلېر، كۆپچىلىككە قاراپ ئىككى بارمىقىنى ئاغزىغا ئاپىرىپ كۆرسەتكىنىچە، — ئەپەندىلەر، ئەندى تارتىنماي تاماكاڭلارنى چەكسەڭلار بولىدۇ.» ئۇ چىقىپ كېتىۋېتىپ تۈز مېڭىشقا ھەرقانچە تىرىشسىمۇ يەنىلا دەلدەڭشىشتىن ئۆزىنى تۇتۇپ قالالمايدۇ.
تېخى يېقىندىلا ھىملېر بۇ كىشىلەرگە، سۈيىقەستچىلەرنىلا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ قانۇنىي جازاغا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن ئىدى. «ستاۋفېنبېرگنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى بىرنىمۇ قويماي تۈپ يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تازىلىۋېتىشىمىز كېرەك!»818 ھەر تەرەپتىن ئالقىش سادالىرى كۆتۈرىلىيدۇ. «بىرنى ئۆلتۈرۈپ يۈزنى قورقۇتۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك!» ئۇ ئەنە شۇنداق روھ بىلەن تەكشۈرۈش ئىشىگە كىرىشكەن ئىدى. ئاساسلىق جىنايەتچىنىڭ يېقىن تۇققانلىرى ۋە باشقا ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى پۈتۈنلەي قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاز دېگەندە يېشى يەتمىشتىن ئاشقان ئوندىن ئارتۇق مومايمۇ بار ئىدى. بۇ قېتىمقى سۈيىقەست دېلوسىنى ھەر تەرەپتىن تەكشۈرۈش مەقسىتىدە، ھىملېر نەچچە ئون رازىۋىتچىك يوللاپ تېز سۈرئەتتە تولۇق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ. 7-ئاۋغۇست كۈنىسى بىرىنچى تۈركۈم جىنايەتچىلەرنى سوتقا تەييارلاپ ئۈلگۈرتىدۇ. «خەلق سوت مەھكىمىسى» گە چىقىرىلغانلار جەمئىي 8 نەپەر ھەربىي ئەمەلدار بولۇپ، باش سوتچى بولسا سوۋېت قانۇنلىرىنى پىششىق بىلىدىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ جازالاشلىرىدىنمۇ تولۇق خەۋىرى بار رولاند فرېيسلېر دېگەن كىشى ئىدى. ھىتلېر ئۇنى «بىزنىڭ ۋىيشىنىسكىيىمىز» دەپ ئاتايتتى.
بۇ سوتچىدىن دېلونى بىر تەرەپ قىلغاندا قاتتىق قول بولۇشنى تەلەپ قىلىپ، «چاقماق تىزلىكىدە ئىشنى پۈتتۈرۈڭ» دەيدۇ. جاۋاپكارلارغا كونىراپ ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن يىرتىق كىيىملەرنى كەيگۈزۈپ بېرلىن ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت زالىغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ چىراي-بېشى ۋەيرانە، چاچلىرىمۇ پاخپىيىپ كەتكەن، كېيىملىرىمۇ رەتسىز ئىدى. بۇ قېتىمقى سوتلاش خائىنلارنىڭ ئاقىۋېتىنى گېرمانىيە خەلقىگە كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىپ كىنو لېنتىسىغىمۇ ئېلىنىدۇ. قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى ۋىتزلېبېنغا يالغان چىشىنى تاقىۋېلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى ھەمدە كەمەرسىز بەكلا چوڭ بىر ئىشتان كەيگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن تىنماي ئىشتىنىنى بىر قولىدا يوقۇرى تارتىپ تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ كۆرۈنىشى خۇددى بىر كومىدىيە ئويۇنىدىكى سەرگەرداننىڭ نەق ئۆزىگەىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. خۇددى ئويۇن كۆرسىتىۋاتقاندەك قىزىل يەكتەك كىيىۋالغان فرېيزلېرمۇ ئۆزى بەكلا قايىل بولىدىغان سوۋېت ئىتتىپاقى سودىيەلىرىگە ئوخشاش مازاق قىلغان ئاۋازدا «سەن قېرى پاسكىنا، تىنماي ئىشتىنىڭنى كۆتۈرۈپ نېمە قىلۋاتىسەن؟» دەپ ۋارقىرايدۇ.
كىشىلەرگە كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان سوت مەيدانى ئەنە شۇنداق بىر كۆرۈنۈش ئالغان ئىدى. «گېرمانىيە سوت تارىخىدا ھېچ قاچان جاۋاپكار بۇنىڭدەك قوپال مۇئامىلىگە، بۇنىڭدەك خورلىنىشقا ئۇچراپ باققان ئەمەس” دەيدۇ بىر تېز خاتىرە قالدۇرغۇچى شۇ ۋاقىتتىكى سوت مەيدانىنى ئەسلەپ. سوت ھۆكۈملىرىمۇ ئالدىنئالا بېكىتىلگەن ئىدى: فرېيزلېر خۇددى كانايدا توۋلىغاندەك قاتتىق ئاۋازدا بۇ 8 كىشىنىڭ ھەممىسىلا فۈھرېرگە خائىنلىق قىلىش جىنايىتى سادىر قىلدى (بۇ دېگىنى راست ئىدى) ھەمدە گېرمانىيە تارىخنىڭ ئەڭ ئېغىر خائىنلىق جىنايىتىنى سادىر قىلدى (ئەمما بۇ دېگىنى يالغان) دەپ جاكارلايدۇ. ھىتلېرنىڭ كونكىرىتنى يوليورۇقىغا ئاساسەن بۇ 8 كىشى قارا ماشىنىلىق پلۆتېنزې تۈرمىسىگە ئاپىرىپ قامىلىدۇ. كەينىدىنلا ئۇلار كىچىك بىر كامىرغا ئېلىپ كىرىلىدۇ. بۇ يەردە شىپقا 8 تال گۆش كانارىسى ئېسىغلىق ئىدى. ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ 8 كىشى، قىپ يالىڭاچ قىلىنىپ، قاتتىق ئىلاستىكىلىق ئىنچىكە پولات سىمى بىلەن ئېسىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ جان تالىشىپ قىينىلىشىمۇ لېنتىغا ئېلىنىپ، شۇ كۈنى ئاخشىمى «بۆرە ئىنى» نىڭ ئېكرانىدا قويۇپ بېرىلىدۇ. سپېرنىڭ دېيىشىچە، «ھىتلېر بۇ ھۈججەتلىك فىلىمنى بەك ياخشى كۆرگەن بولۇپ، قايتا-قايتىلاپ قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلاتتى.» ئەمما ئاديۇتانت ۋون بېلوۋ ۋە باشقا يېقىنلىرى تا بۈگۈنگىچە ھىتلېر ئۇ فىلىمنى پەقەتلا كۆرمىگەن دەپ چىڭ تۇرىۋالماقتا.
بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇنىڭدەك جازالىنىش ۋەقەلىرىدىن باشقا يەنە سوتلاشلارمۇ بارلىقى ئاشىكارىلانغان بولسىمۇ ئۇلاردىن پەقەت شۇ 8 كىشىنىڭلا جازاسى ئېلان قىلىنغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 5 مىڭ ئەتراپىدا ئەر-ئايال جازالانغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى 20-ئىيۇل قوزغىلىڭى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغانلىقىغا قارىماي ئوخشاشلا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەن.
9
15-ئاۋغۇست كۈنى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا قۇرۇقلۇققا چىقىدۇ. گۇدېرىيان، ماشىنىلاشقان قىسىملار گەرچە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاندەك قىلسىمۇ، ئۇلار بەرىبىر ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئېغىر مەغلوبىيەتكە ئۇچرىشىدىن ساقلاپ قالالمايدۇ دەپ بالالايدۇ. ئۇنىڭ بۇ باھاسى ھىتلېرنى قاتتىق تىرىكتۈرىۋېتىدۇ. شۇڭا ئۇ گۇدېرىيان بىلەن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئايرىم سۆزلىشىشنى مەقسەت قىلىپ باشقا بىر بۆلۈمگە چىقىپ يالغۇز سۆزلىشىدۇ.819 ئەمما ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى كۈچىيىپ كەتكەچكە، بىر ئاديۇتانت كىرىپ دېيىشكەن گەپلىرىڭلار سىرتتا بەكلا ئېنىق ئاڭلىنىپ كېتىۋاتىدۇ دەپ فۈھرېرنى جىكىلەپ، بولمىسا دېرىزىلەرنى يېپىپ قويايمۇ؟ دەپ سورايدۇ.
شۇ كۈنى ئاخشىمى كەچىرەك، ھىتلېر، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى ۋون كلۇگنىڭ سىرلىق بىر شەكىلدە يوقاپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ غەزەپتىن ئۆزىنى يوقۇتۇپلا قويىدۇ. شۇ كۈنى ئۇنىڭ ئالدىداراق قاتتىق ئاچچىغلىنىپ يېرىلىپ كەتكىدەك ھالغا شۈشۈپ قالغان ئىدى. ئۇ قېتىمقىسىنى ھازىرقىغا سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمە ئەمەس دېيىشكە بولاتتى. كلۇگنىڭ غايىپ بولغانلىقى مۇنداق مۇنداق بىر ئىش ئىدى: شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، غەرىپ فرونتىنىڭ باش قۇماندانى بولغان بۇ كىشى ماشىنىلىق ئالدىنقى سەپكە بېرىپ بروۋنىكلاشقان قىسىملار قۇماندانى بىلەن سۆزلىشىپ كەلمەكچى بولغان. ئەمما ئۇ سۆھبەت نوقتىسىغا پەقەتلا يېتىپ بارالمىغان. ھىتلېر ۋارقىراپ جارقىرىغىنىچە كلۇگ چوقۇم بۇ يەردىكى پارتلىتىش سۈيىقەستى بىلەن مۇناسىۋىتى بار بىرسى، شۇڭا ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كېتىپ دۈشمەن تەرەپ بىلەن مەخپى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان! دەيدۇ.
ئەسلىدە، كلۇگنىڭ ماشىنىسى ئىككى تېلېگرامما ئاپاراتى بىلەن قوشۇلۇپ دۈشمەن بومباردىمانچى ئايروپلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پاچاقلاپ تاشلانغان بولغاچقا ئالدىنقى سەپكە ۋاقتىدا يېتىپ بارالمىغان ئىكەن. بۇ مارشال شۇندىن كېيىن قىستا-قىستاڭچىلىق يولدا توسىلىپ قېلىپ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان، شۇنداق قىلىپ يا ئالدىغا ماڭالمايدىغان، يا كەينىگە قايتالمايدىغان مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىكەن. ئۇ بىر تەرەپتىن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسىنىڭ بۆسۈپ ئۆتىشىنى توساپ قېلىشقا تىرىشىپ كۆرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتىن قىلچىمۇ ئۈمىد قالمىدى دەپ پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالغانىكەن. ئۇ، رۇسىيەدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسىگە يولۇققىنىدىن بېرى روھى ھالىتى ئىزچىل تۈردە جايىدا ئەمەس ئىكەندۇق. ئۇ ئىشخانىسىدا پات-پاتلا ئالدى-كەينىگە مېڭىپ بەكلا قىين ھالدا قالغان. بۇ جەرياندا ئۇ بىر تەرەپتىن ھىتلېرغا بولغان ساداقىتى ئۈچۈن قەسەم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ «تەڭرى ئالدىدا، مىللىتى ئالدىدا ۋە ۋىژدانەن مەسئۇلىيىتىنى ھەرگىز ئۇنۇتمىغان.»
كلۇگ، شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە ئاخىرقى ھېسابتا ئالدىنقى سەپكە يېتىپ بېرىۋالىدۇ. ئەمما ئۇ چاققىچە ھىتلېر قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى مودېلنى ئۇنىڭ ئورنىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەپ بولغان ئىدى. مودېل، 17-ئاۋغۇست كۈنى فۈھرېردىن ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئېلىپ فرانسىيەگە يېتىپ كېلىپ غەربىي ئۇرۇش سېپىنىڭ قۇماندانلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ ئالىدۇ. كلۇگ بولسا بۇنداق تۇيۇقسىز ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن ھېچ نېمىنى ئۇقالماي قېيىپلا كېتىدۇ. «مېنىڭ ئىناۋىتىم پۈتۈنلەي ئاۋرانچېسنىڭ قۇلىدا ئىدى، — دەيدۇ شىتاپ باشلىقىغا خەرىتىنى كۆرسىتىپ، — مانا ئەندى مەن پۈتۈنلەي تۈگەشتىم.» ئەتىسى، ئۇ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ بىغەم بىر شەكىلدە شەرققە قاراپ يولغا چىقىپ، خۇددى ستۈلپناگېلغا ئوخشاش فرانسىيەدىكى كونا ئۇرۇش مەيدانلىرىنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىقىدۇ. ئۇمۇ خۇددى شتۈلپناگېلغا ئوخشاش ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. بۇ ئىشتا كلۇگ ھەقىقەتەنمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. ئۇ، كلېرمونت دەرياسىنىڭ ئارگون ئەتىراپىدا دەرەخ سايىسىدا ئولتۇرۇپ چۈشلۈك تامىقىنى يېگەندىن كېيىن يېزىلغان ئىككى پارچە خېتىدىن بىرسىنى ئىنىسىغا يازغان ئۇنى ئاديۇتانتىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ سىيانىد (ئېنگلىزچىدىن تەرجىمىدە خلورىد دەپ خاتا ئېلىنغان — ئۇ. ت) ئىچىپ ئۆلىۋالغان ئىدى.
ئۇنىڭ يەنە بىر پارچە خېتى فۈھرېرگە يېزىلغان بولۇپ، خەت تېخى يولدا ئىدى. ئۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسىنىڭ ئىلگىرلىشىنى توساپ قالالمىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، فۈھرېردىن بۇ ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشنى، خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن تەسۋىرلىگۈسىز بۇ ئازاپنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ يالۋۇرلغان. «بۆرە ئىنى» دا، ھىتلېر بۇ خەتنى ئوقۇپ بولۇپ ھېچ بىر باھا بەرمەي جودلغا ئۇزارتىدۇ. كلۇگ، خېتىنىڭ ئاخىرىدا ھىتلېرنىڭ پولاتتەك ئىرادىسى ھەمدە تالانتىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئېلىپ بارغان «ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك كۈرىشى» نى مەدھىيلىگەن. «ئەگەر زۆرۈرلا بولىدىكەن، قىلچە ئۈمىد قالمىغان بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلۇغ بىرسى ئىكەنلىكىڭىزنىمۇ ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەيسىز!» بۇ خەت، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئاھانەتكە قېلىشىنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم قىسقىچە ئاقلاپ بايان قىلىشى ھېسابلىناتتى. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئۇرۇنۇشنى ھەرگىز ئۆزى ئۈچۈن دېيىشكە بولمايتتى. كلۇگ، بۇنىڭ بىلەن ھېچ بىر مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيتتى. ئۇ، ئەنە شۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى بېرىش ۋاستىسى ئارقىلىق ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىلا ئويلىغان.
ئەمما بۇنداق ئۇرۇنۇشنىڭ قىلچە قىممىتى يوق ئىدى. ھىتلېر بەرىبىر پۈتۈن قەلبى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى تارىخى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشنىلا ئويلايتتى: يەنى بارلىق يەھۇدىيلارنى دۇنيادىن پاك-پاكىزە تازىلىۋېتىشتىن باشقىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى. ئېيچماننىڭ ئاۋغۇستتىكى دوكلادىغا ئاساسلانغاندا ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىسىمۇ ئاخىرقى باسقۇچىغا كېلىپ بولغان ئىدى. ئۇ ھىملېرغا، بۈگۈنگىچە 6 مىليون يەھۇدىي يوق قىلىندى، بۇلاردىن 4 مىليونى قىرغىنچىلىق لاگىرلىرىدا ئۆلتۈرۈلدى، قالغان قىسمى يۆتكۈلۈش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ئۆلۈپ بولدى، دەيدۇ.820 قىزىل ئارمىيىنىڭ ئىلگىرلىشى بەكلا تىز بولغاچقا، شۇنىڭدەك يەنە كونراد مورگېن ھارماي تالماي تەكشۈرۈشىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن (ئۇنىڭ پەرىزىچە ئۆلتۈرۈلگەن يەھۇدىي سانى 6 مىليونغا يېتىدىكەن)، ھىتلېرمۇ ھىملېرغا ئاۋۇشۋىتزدىن باشقا بارلىق قىرغىن قىلىش مەركەزلىرىنى بىرنىمۇ قويماي سۆكۈپ تۈزلىۋېتىشنى بۇيرىغان (ئۆلۈم مەركەزلىرىنى سۆكۈپ تۈزلىۋېتىش ئۈچۈن ھىملېر 1944-يىلى 24-نويابىر كۈنى بۇيرۇق قىلغان). ئۇندىن باشقا يەنە ۋېنگرىيە، لودزىيە، سلوۋاكىيە ۋە تېرېسيېنستادتتىكى يەھۇدىيلار زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلمەي ساق قالىدۇ. ئەگەر شەرقتىكى قىسىملار سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنىڭ بۆسۈپ ئۆتىشىنى توسىيالىغان بولسا ئىدى، كوماندىر ھۆس قولىدىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇلارنىمۇ يوقىتىۋېتەلىگەن بولاتتى.
10
بۇ كۈنلەردە ھەربىي ۋەزىيەت شۇنداق يامانلىشىپ كەتكەن ئىدىكى، پەقەت باشقا خىياللاردا يۈرىدىغان قىسمەن كىشىلەرلا تەسلىم بولۇشنى خىيالىغا كەلتۈرمەي يۈرەلىشى مۇمكىن ئىدى. بالتىق دېڭىزىدىن تارتىپ تا پۈتكۈل ئۇكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي ئۇرۇش سېپى بويىچە قىزىل ئارمىيە ئومۇمىي يۈزلۈك قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، يا گېرمانىيە ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي تارمار كەلتۈرۈشنى، يا بولمىغاندا ئۇلارنى مۇھاسىرىگە ئېلىشنى پىلانلايدۇ؛ جەنۇپتا بولسا، سوۋېت ئارمىيىسى رومىنىيە نېفىتلىكىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇ يەرنى ئىشغال قىلىدۇ؛ شىمالدا، سوۋېت ئارمىيىسى تېخى يېڭىلا 50 دىۋىزىيىلىك گېرمانىيە (قوشۇنى) نى قورشاۋغا ئېلىۋالغان؛ ئوتتۇرا قىسىمدا بولسا قىزىل ئارمىيە ۋارشاۋانى مۇھاسىرىگە ئالماقتا ئىدى. بۇنداق بىر ئەھۋالدا، ھىتلېرمۇ بىۋاستە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ۋون ھىندېنبۇرگنىڭ تاۋۇتىنى ئۇنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۈيۈك غەلىبە قىلغان تاننېنبېرگتىن يۆتكەپ كېلىدۇ.
گيۆبېلس، بۇ خىل جىددى ۋەزىيەت ئاستىدا 24-ئاۋغۇست كۈنى بارلىق تىياتىرخانىلار، بارلىق مۇزىكا سارايلىرى، بارلىق تىياتىر مەكتەپلىرى ۋە شۇنىڭدەك بارلىق ناخشا-ئۇسۇللۇق رېستۇرانتلار قەتئىي تۈردە بىر ھەپتە ئىچىدە تاقالسۇن دەيدىغان يېڭى بىر تۈزۈم — «دراكونىيان سىياسىتى» نى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ يەنە، ئۇزۇنغا قالماي ئاز بىر قىسىملىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بارلىق مۇزىكا ئەترەتلىرى، مۇزىكا مەكتەپلىرى ۋە ئىنىستىتۇتلار پۈتۈنلەي ئىشتىن توختىتىلىدىغانلىقى ياكى تاقىلىدىغانلىقىنى؛ سەنئەتچىلەر يا ھەربىي سەپكە قاتناشتۇرىلىدۇ ياكى ھەربىي زاۋۇتلاردا ئىشلىتىلىدۇ؛ رەسىم قىستۇرالايدىغان ئىككى خىل گېزىتتىن باشقا بارلىق مەتبۇئات ئەسەرلىرى، ئالايلۇق رومان ۋە بەزى ئەدەبىي ئەسەرلىرىىنىڭ نەشرى قىلىنىشى پۈتۈنلەي چەكلىنىدۇ، دەپ بۇيرۇق چۈشىرىدۇ.
ئەتىسى پارىژ، تۆت يىللىق گېرمانىيە ئىشغالىيىتىدىن كېيىن ئازات قىلىنىدۇ؛ رومىنىيە بىلەن فىنلاندىيە كەينى-كەينىدىن تىنچلىق تەلىبىدە بولىدۇ. بىر سوتكا ئىچىدە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىلىپ مارشال ئانتونېسكو ھۈكمۈرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ ھەمدە رومىنىيە گېرمانىيەگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. پۈتۈن سەپلەر بويىچە مەغلوبىيەتكە ئۇچراپ تۇرغانلىقىغا قارىماي ھىتلېردا قىلچىمۇ تەۋرىنىش كۆرۈنمەيتتى. ئۇ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىچىدە كۆرۈلۈلۈشكە باشلىغان ئىچىكى يىمىرىلىش ۋەقەلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قاچقۇن ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى قولغا ئېلىنىدۇ، دەپ تەھدىت سالىدۇ.
ھىتلېر، ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرقى كۈنى كېيتېل بىلەن يەنە ئىككى نەپەر گېنېرالغا سىياسىي ھەل قىلىش قارارى چىقىرىشقا تېخى ئەتىگەن دەپ تۇرىۋالىدۇ. «بۇنداق بىر ۋەزىيەت، سەن غالىپ كەلگىنىڭدىن كېيىنلا ئاندىن ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن.» غالىبىيەت ئۈمىدىنى تېخى تولۇق تۈگىدى دېيىشكە بولمايدۇ دەپ تۇرىۋالىدۇ. ئۇ يەنە، ئىتتىپاقداش ئەللەر ئارمىيىسى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتلىشىشلەر بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتماقتا؛ بۇنداق ۋەزىيەت ئاخىرى بېرىپ ئۇلارنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئېنىق، دەيدۇ. «شۇڭا بىردىن-بىر چارە كۈتۈش؛ ھەر قانچە قىيىن بولسىمۇ مۇۋاپىق پەيت كېلىشىنى كۈتۈشىمىز كېرەك. — دەيدۇ غەرپ ۋە شەرق دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويغا پاتقان ھالدا. ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇ تۈر بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئۆكۈنۈشكە باشلايدۇ. — مېنىڭچە، بۇ بىر مەيدان ئۇرۇش مېنى ئۇنچىۋالا خۇشال قىلالمىدى. مەن جەمىيەتتىن ئايرىلىپ قالغىنىمغا 5 يىل بولدى. بۇ جەرياندا مەن يا تىياتىرغا بارالمىدىم ياكى بىر قېتىممۇ مۇزىكا ئاڭلاشقا بارالمىدىم. بىر مەيدانمۇ كىنو كۆرەلمىدىم. — غەزەپتىن ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى يوقۇرى كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتاتتى.821 — بۇ ئىشلاردا مەن پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى باش قۇماندانلىق شىتابىدىكىلەردە دەپ قارايمەن. ئۇلار پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادىلىك بولالماي كەلدى. شۇڭا ئۇلار ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئوفىتسېرلارنىڭ جاسارىتىڭ جۇشتۇرۇلىشىغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. باش قۇماندانلىق شىتابىدىكى ئوفىتسېرلار ئالدىنقى سەپكە بارغان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىزلىك تەرغىباتى قىلىپ كەلگەنلىكىگە قەتئى ئىشەنچىم كامىل! — ئۇ، گېرمانىيە نېمىسلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى بىر ئەسىر بويىچە تىنچ ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان ۋەزىيەتكە ئېرىشكەنگە قەدەر قەتئى تۈردە ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، — بولۇپمۇ، ئىناۋىتىمىزنىڭ قايتىدىن 1918-يىلدىكىدەك دەپسەندە قىلىنماسلىق ئۈچۈن كۈرەشنى داۋام قىلدۇرىمەن. — دەپ چالۋاقايتتى. ئۇنىڭ پىكىر خىيالى يەنە قايتا شۇ پارتلاش سۈيىقەستى ئۈستىگە مەركەزلىشىدۇ. — ئۆلۈم دېمەك، غەم-ئەندىشىلەردىن، ئۇيقۇسىز كېچىلەرنىڭ روھى ئازاۋىدىن قۇتۇلۇش دېگەنلىك. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان ئارىلىقتىلا ئادەم ھەممىدىن قۇتۇلۇپ مەڭگۈلۈك ئارام تاپىدۇ.»
ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى ئۆلۈمنى ئارزۇلاش مىجەزىنى بىر ھېسابتا سالامەتلىكىنىڭ يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر نەتىجىسى دېيىش مۇمكىن ئىدى. گەرچە ئۇ، ئوڭ قولى تىنماي تىترەپ ساقىلىنىمۇ ئۆزى ئالالماس ھالغا كېلىپ قالغان، پات-پاتلا كاتىپلىرىغا ئوڭ قولىنىڭ تىنماي تىتتىرىشىنى مازاق قىلىپ چاقچاق قىلىۋالىدىغان بولسىمۇ، شۇ كۈنلەردە ئېغىر سوغۇق تەگكۈزىۋالغاچقا ئوڭ قولى تېخىمۇ بەكىرەك تىتىرەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، بۇنداق سوغۇق تىگىش ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن بېشىمۇ قوشۇلۇپ چىڭقىلىپ ئاغرىيدىغان بولىۋالىدۇ. بولۇپمۇ چېكىسى ھەددىدىن ئارتۇق چىڭقىلىپ ئاغرىغاچقا، چىراي كۆرۈنىشىمۇ تېخىمۇ بەتتەرلىشىپ كېتىدۇ. ئۈنىمۇ پۈتۈپ قالغان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاغرىقلار سەۋەبىدىن دوختۇر موللېرنىڭ رىتسىپى بويىچە نەچچە تۈرلۈك دورا يەپ بېرىشى ئاشقازان ئاغرىقىنىمۇ قوزغىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي دوختۇر گېيسىڭنىڭ جىكىلەشلىرىگە يەنىلا پەرۋامۇ قىلمايتتى. سىنتەبىرنىڭ باشلىرىدا بويۇن ئۇمۇرتقىسى ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن دوختۇر گېيسىڭنىڭ يېزىپ بەرگەن رېتسىپىدىكى ئون پىرسەنت كوكائىن سۇيۇقلىقىنى قوشۇپ ئىشلىتىشكە ماقۇل بولىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ دورىنى ھەر كۈنى ئەتىگەن-ئاخشام نەپەسلىنىش نەيچىسى ئارقىلىق بىر قانچە سائەت دەم تارتىشقىمۇ يۇۋاشلىق بىلەن كۆنىدۇ.
گېيسىڭنىڭ دېئاگنوزلىرىدىن ھىتلېر بەكلا رازى ئىدى. شۇڭا ئۇ، خۇددى دوختۇر مورېلغا رەخمەت بىلدۈرگىنىدەك گېيسىڭ دوختۇرغىمۇ قاتتىق رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بۇ دوختۇرغا بولغان رازىمەنلىكى بېرىپ ئىشەنچكە ئايلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن شەخسى يېقىنلىقى بەكلا كام كۆرىلىدىغان سەمىمىي يېقىن مۇناسىۋەتكە ئايلىنىدۇ. داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ ئىككىسى ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ سۆھبىتى بەكلا كەڭ دائىرىلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئالايلۇق ئۇ ئىككىسى ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنىڭ تەغدىرىدىن تارتىپ تا تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىغىچە بولغان مەسىلىلەر ئۈستىدە پاراڭ قىلىپ كېتىشەتتى. سۆھبەت جەريانىدا، گېيسىڭ تەپسىلى خاتىرە قالدۇرۇشنىمۇ ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ. ئۇ ھەتتا تېخىمۇ خەۋىپلىك بىر ۋەزىپىنىمۇ ئۆزىگە قوشۇمچە قىلىۋالغان ئىدى: مەخپى تۈردە پسىخولوگىيىلىك سىناق قىلىشنىمۇ بىرلىكتە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ بۇ ئىشنى شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن يۇشۇرۇن داۋاملاشتۇرىدۇكى، ھىتلېر خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆزىنىڭ گېيسىڭنىڭ «بەكلا ئىپتىدائى پسىخولوگىيىلىك تەجرىبە» ئوبىكتىۋى قىلىنغانلىقىدىنمۇ خەۋىرى بولماي يۈرىدۇ. گېيسىڭنىڭ دىئاگنوزى بويىچە، ھىتلېر «كايسېر ھەۋىسى ئىچىگە پېتىپ قالغان بىر تۈر روھىي كېسەل» ھېسابلىناتتى.
بۇ كۈنلەردە، گەرچە ھىتلېر بەكلا ئازاپلىنىپ روھىي ھالىتى جايىدا ئەمەس ھەمدە ئاسانلا تېرىكىدىغان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، قولىدىكى كاتىپلىرى ئىچىدە ئەڭ ياش كاتىبى بولغا تراۋدل جيۇڭغا ھەرگىزمۇ رەنجىمەيتتى. بۇ قىزنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا يەنىلا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتى. ئەمما بىر كۈنى بۇ كاتىپ ھىتلېرنىڭ بەكلا غەلىتە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى سېزىدۇ. يەنى ھىتلېر ئۇنىڭغا گەپمۇ قىلماي ئۆتۈپ كېتىدىغان بولىۋالغانلىقىنى سېزىدۇ. ئۇ ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالغان پەيتلەردە كاتىپ قىز ئۇنىڭ نېمىدۇ بىر ئىشىنى كۈزىتىپ يۈرگىنىدەك قاراشلىرىنىڭ بەكلا جىددى تۈسكە كىرىپ قالغانلىقىنى پەرق قىلىپ قالىدۇ. ئەجىبا بىرەرسى مەن توغرىلىق بىرەر گەپ توقىغانمىدۇ دەپ گۇمانلىنىپمۇ قالىدۇ. شۇ كۈنى كەچ بىر ۋاقىتتا، ئېس-ئېس گېنېرالى ئوتتو ھېرمان فېگېلېيىن ئۇنىڭدىن گازارمىسىغا بىر يولۇقىشىنى تەلەپ قىلىپ تېلېفون قىلىدۇ.
بۇ گېنېرال خۇددى مېھرىبان ئاتىلاردەك قىزنىڭ مۆرىسىگە قولىنى قويۇپ، يولدىشىڭىز ئۇرۇشتا قۇربان بوپتۇ، دەپ ئۇقتۇرىدۇ. بۇ ئىشتىن ئەسلىدە فۇھرېر تۈنىگۈنلا خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئەمما بۇنداق كۆڭۈلسىز خەۋەرنى ئۆزى ئېيتىشقا چىدىمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كېيىن ئۇنى فۈھرېرمۇ كىتاپخانىسىغا چاقىرتىدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭ ئىككى قولىنى تۇتقىنىچە، مۇلايىم بىر شەكىلدە «ئاھ، قىزىم، بۇنىڭدىن بەكلا كۆڭلىم يېرىم بولدى. يولدىشىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئادەم ئىدى» دەيدۇ.822 ئاندىن قىزغا بۇ يەردە داۋاملىق ئىشلەپ قالسىڭىز، «مەنمۇ سىزگە ھەر دائىم ياردەم قىلىپ تۇرسام» دەيدۇ.
سىنتەبىر باشلىرىدا، پروفېسسور ۋون ئېيكېن ئۇنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. پروفېسسور، موللېرنىڭ ئۇنىڭغا ھېلىقىدەك ئوكۇللارنى قويۇپ، ئۇ تۈردىكى دورىلارنى بۇيرۇتۇپ يۈرگىنىنى ئاڭلاپ، دوختۇر گېيسىڭ، ھىتلېر ھەققىدە ئىككى نەپەر تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى براندت بىلەن خاسسىلباخلارنى بىر يەرگە كەلتۈرۈپ بۇ ئىشنى مۇھاكىمە قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا قاتتىق ئەنسىرىشىدۇ. بۇ تۆت نەپەر دوختۇر يوشۇرۇن كېلىشىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچى بولسىمۇ، پروفېسسور ئېيكېن، فۈھرېرنىڭ موللېرغا بەكلا ئىشىنىدىغانلىقى سەۋەبىدىن بۇنىڭغا فۈھرېرنىڭ خۇددى قالغان ئۈچ نەپەر دوختۇرنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىغىنىدەك ئۆزىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغىمۇ بەرىبىر قۇلاق سالماسلىقىدىن ئەنسىرەيتتى.
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە، ھىتلېر قەتئىي ئۇخلىيالماس بولۇپ قالدىم دەپ دەرت تۆكىدۇ. ئاشقازان سپازمىلىنىش، يەنى نېرۋا خاراكتېرلىق ئاشقازان كېسىلى سەۋەبىدىن تاڭ ئاتقىچە كۆز يۇمالماي چىقاتتى. بويۇن ئۇمۇرتقا ياللۇغلىنىشىدىمۇ بىرەر ياخشلىنىش كۆرۈلمىگەن ئىدى. بېشىنىڭ سول تەرىپى ئاغرىشىمۇ توختىمايدۇ. باش قۇماندانلىق بىناسى سوۋېت ئايروپلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇرىۋاتقان ئىستىھكام بېتون بىلەن كۈچەيتىلىش ئىشى داۋاملىشىپ، كۈچلۈك يەل بازغان ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ئاغرىقلىرى كېچە-كۈندۈز ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بۇزۇلىشى يەنە بىر ئەكىس تەسىرنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېلىدۇ: ئۇنىڭدىكى بۇرۇنقى شۇنچە كۈچلۈك ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى ناچارلىشىپ بەكلا ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. ئۇزۇندىن بېرى شۇنچە ئۇزۇن ھۈججەتلەرنى بىر كۆرۈپلا بىر ھەرىپىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي ياتلاپ بېرەلەيدىغان قابىلىيىتى بار ئىدى. مانا ئەندى، بىرەرسىنىڭ ئىسمىنى ئېسىدە ساقلاشتىمۇ قىينىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇ ئاچچىق كۈلگىنىچە، ھېلىمۇ ياخشى، بۇ كۈنلەردە ماڭا قارشى كىشىلەر شۇ بىر نەچچەيلەندىنلا ئىبارەت بولغىنى، ئەگەر بۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشىنىڭ دۈشمەنلىكىگە ئۇچرىغان بولسام يەنە نېمە بولۇپ كېتەردىم، دەپ چاقچاق قىلىدۇ.
12-سىنتەبىر كۈنى، گېيسىڭ كوكائىن بىلەن داۋالاشنى ئەندىلا توختىتىپ تۇرۇشىغا، ھىتلېرنىڭ تۇيۇقسىزلا بېشى قېيىپ كېتىدۇ. ئۇ، كۆزىگە ھەممە نەرسە قاپقارا بولۇپ كۆرۈنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ دەلدەڭشىگىنىچە دەرھال ئۈستەلگە تىرىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ تومۇرى بەكلا زەئىپ ۋە بەكلا تىز سوقماقتا ئىدى. 90 سېكونتتىن كېيىن، بۇ قېتىمقى كېسەللىك كرىزىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىر ئېھتىمالدا يەڭگىل تۈردە تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى قوزغالغان بولىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تومۇر سوقۇشىمۇ نورىماللىشىپ قالىدۇ. كەينىدىنلا قاتتىق تەرلەپ كېتىدۇ. ئۇ مورېلنى چاقىرتىپ كېلىپ 3 تال ئوكۇل قىلغۇزىدۇ. كېسىلى ۋاقتىنچە ياخشىلىنىپ قالىدۇ. 16-سىنتەبىر كۈنى، ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى ئۈچىنچى قېتىم يەڭگىل شەكىلدە قايتا قوزغىلىدۇ. بۇ قېتىم، ئۇ نەچچە ئايدىن بېرى دوختۇر گېيسىڭ ئۇنىڭغا تاپىلاپ كەلگەن ئىشلارنى قىلىشقا ماقۇل بولىدۇ: بېشىنى رادىئوئاكتىپلىق نۇردا تەكشۈرەشنى قوبۇل قىلىدۇ.
29. ئاخىرقى قېتىملىق قايتارما ھۇجۇم
|
|
|
|
|
|
|