جۇغلانما 200
بايلىق123 دانە
شۆھرەت0 سەر
ئوقۇغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى
يازما سانى: 77
خاتىمە892
1
بۈگۈنكى كۈندە، ھىتلېرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭ مىللەتچى سوتسىئالىزمنىڭمۇ تۇيۇقسىزلا تولۇق ئاخىرلاشقانلىقىغا پۈتۈن دۇنيا خەلقى بەكلا ھەيران. بۇ ئەقىدە، بىردىن-بىر ۋە ھەقىقەتەنمۇ داھىسى بولۇشقا تېگىشلىك كىشىسىدىن ئايرىلىشى ھامان خۇددى كۆپۈكتەك يېرىلىپ پۈتۈنلەي توزۇپ يوقاپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ تەلۋىلەرچە ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدىنمۇ ھىتلېرنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى. قارىسا كىشىنى ئۈركىتىدىغان “ئالپس تاغلىرىدىكى ئۇنىڭ قورغىنى” ئەسلىدە پۈتۈنلەي خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەندۇق. بۇرۇن بىزگە 20-ئەسىرنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك، ئەڭ ۋەھىمىلىك بولۇپ بىلىنگەن سىياسىي قۇۋۋەتمۇ بىر كېچىدىلا پۈتۈنلەي توزۇپ يوقاپ كەتكەن ئىدى. ناپولىئون ئۆلگەندىن تارتىپ، ھېچ بىر يىتەكچى ئۆلگىنىدىن كېيىن ئۇنىڭ سىياسىي كۈچىدەك بۇنچە پاك-پاكىزە تازىلانغان ئەمەس.
گېرمانىيەنىڭ بۇ داھىسى ئۆلگەن بولسىمۇ يەنىلا كىشىلەر ئارىسىدا تىنماي تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولىدىغان سىھىرلىك بىرسى بولۇپ داۋام قىلماقتا. گەرچە ھىتلېرنىڭ جەسىدى ئاللىمۇ قاچان كۆيدۈرۈلۈپ توزۇپ يوقالغان بولسىمۇ، بۇ ئاكوپ ئىچىدە ھەر تۈرلۈك گەپلەر تارقىلىدۇ: “ھىتلېر ياشلار ئىتتىپاقى” نىڭ رەھبىرىدىن بىرى بولغان ئاكسمان، بىر قىسىم جەسەت كۈلىنى كۈپتىن بىرىگە ئېلىپ يوليورۇققا ئاساسەن بېرلىن شەھەر سىرتىدا بىر يەرگە يەرلىككە قويۇپتىدەك دېگەندەك گەپلەر تارقىلىپ يۈرمەكتە ئىدى. بەزى نېمىسلار ھىتلېرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە پەقەتلا ئىشەنمەيدۇ ۋە ئىشىنىشنىمۇ رەت قىلىدۇ. ئالايلۇق، فېگېلەيىننىڭ ئاتا-ئانىسى ئامېرىكىلىق بىر قارشى ئىستىخپاراتچىغا، ئوغلۇم بىرسىدىن بىر پارچە خەت ئىۋەرتىپ “ھىتلېر ھازىر ئارگېنتىنادا، ھەممە ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك كېتىۋاتىدۇ” دەپ يازغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ستالىنمۇ بۇ خەۋەرگە بەك ئىشىنىپ كېتەلمىگەنلەردىن بىرى ئىدى. ئۇ خاررىي خوپكىنسقا، مېنىڭچە ھىتلېرنىڭ ئۆلگەنلىكى “گۇمانلىق”، ئۇ چوقۇم قېچىپ كەتتى، ئۇ چوقۇم بورمان بىلەن بىرلىكتە بىر يەرلەردە ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بولىشى مۇمكىن دەپ ئېيتقان ئىدى. تا 1968-يىلىغا كەلگىچە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ تارىخى ئەنە شۇنداق يېزىلدى. 1968-يىلى، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئاخبارات مۇخپىرى بولغان لېف بېزىيمېنىسكى دېگەن بىرسى بىر پارچە كىتاپ نەشرى قىلدۇرىدۇ. بۇ كىتابتا، ئۇرۇسلار 1945-يىلى 4-ماي كۈنى ھاۋا مۇداپىيە ئىستىھكامىنىڭ سىرتىدا ئادولف ھىتلېر بىلەن ئېۋا ھىتلېرنىڭ جەسىدىنى تاپقانلىقىنى ئاشىكارىلايدۇ. بېزىيمېنسكى يەنە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئەدىلىيە قانۇن كومۇتىتىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئىسپات قىلىپ كىتابىغا كىرگۈزگەن. بۇ دوكلاتتا، ھىتلېرنىڭ ئاغزىدا ئەينەك زەھەر كاپسولنىڭ پارچىلىرى تېپىلغانلىقىنى، ئەمما بېشىدا ئوق ئىزى يوقلىقىنى ئېيتىدۇ. يەنى، سوۋېتلىكلەر مۇجىمەل بىر شەكىلدە ھىتلېر خۇددى بىر قورقۇنچاقتەك ئۆلگەنلىكىگە كىشىلەرنى ئىشەندۈرمەكچى بولغان. بۇ دوكلاتتا يەنە ھىتلېرنىڭ بىر ساقىسى يوقلىقىنىمۇ يازغان. بۇنداق بىر يەكۈننى، ھىتلېرغا بەدەن تەكشۈرۈشى قىلغان 3 نەپەر دوختۇر ئۇنىڭ جىنىسى ئورگانلىرىنىڭ نورىمال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولىشىغا قارىماي بەزى تارىخ پسىخولوگلىرى توختىماي بۇ گەپتىن پايدىلاندى.893 سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنلا بۇ مەسىلە ئاشىكارىلانغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەردە بۇ ھەقتە بەكلا كۆپ گۇمانلىنىشلارنى پەيدا قىلىدۇ. تەپسىلى يېزىلغان بۇ دوكلات گەرچە 5 نەپەر پاتولوگ بىلەن قانۇن دوختۇرلىرى تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ ماقۇللانغان بولسىمۇ، بۇ دوكلات بەرىبىر ھىتلېرنىڭ جەسىدى دەپ تارتىلغان رەسىمگە قاراپلا چىقىرىلغان خۇلاسە ئىدى. بېزىيمېنسكىنىڭ ئۆزىمۇ، جەسەت “پۈتۈنلەي كۆيۈپ بولغانلىقىنى، كۈلىمۇ ھاۋاغا چېچىۋېتىلگەنلىكىنى” ئېتراپ قىلغان.
بۇنىڭدىن گۇمانلانغۇچىلار شۇنى پەقەتلا بىلەلمىدى: ھىتلېرنىڭ جەسىدى تېپىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ستالىن 1945-يىلى ھىتلېرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى توغرىلىق يەنە نېمە ئۈچۈن يالغان گەپ تارقىتىپ يۈرگىدەك؟ بۇنىڭغا قارىتا بېزىيمېنسكى مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: ئۇلار پەقەتلا قايىل بولمىغان. بېزىيمېنسكى مۇنداق دەيدۇ: “ئالدى بىلەن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلماسلىق توغرىلىق قارار قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ۋاقتى كەلگەندە، يەنى بىرەرسى ئوتتۇرغا چىقىپ ‘فۈھرېر سىرلىق بىر شەكىلدە قۇتۇلۇپ قالغان’ دېگەن يالغان گەپلەر ئوتتۇرغا چىققان ۋاقتىدا يەنە پايدىلانماقچى بولغان. يەنە بىر سەۋەپ، خاتا خۇلاسە چىقىرىلىشتىن ساقلىنىش ياكى مەخسۇس كىشىلەرنى ئالداش ئېھتىمالىدىن ساقلىنىش مەقسىتىدە داۋاملىق تەكشۈرۈلىدىغانلىقنى باھانە قىلغان بولىشى مۇمكىن.” ئۇنىڭ بۇ باھانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىلا جەسەتنىڭ قانداق يوق قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش تۇرماق، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ نېمىشقا 23 يىل ئۆتكەندە ئاندىن ئېلان قىلغانلىقىنى زادىلا چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى. جەسەتتىن ئېلىنغان قادالغان چىشىنىڭ رەسىمى ئىزچىل تۈردە ئارخپلاردا ساقلانغان بولۇپ، بۇ ئارخىپلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە بولاتتى. 1972-يىلى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس-ئانگلىس شۆبىسىنىڭ چىش بۆلۈمى قانۇن دوختۇرلۇقتا مۇتەخەسسىس بولغان دوكتور رېيدار سوگناس، بۇ چىشلار 1943-يىلى رېنتىگېن نۇرى بىلەن ھىتلېرنىڭ باش قىسىم ئىسكىلېتىنىڭ رەسىمىنى تارتقان ۋاقتىدىكى رەسىمدىكى چىشلارغا پۈتۈنلەي ئوخشايدىغانلىقىنى پەرق قىلغان. ئېدىنبۇرگتا چاقىرىلغان 6-نۆۋەتلىك خەلقارالىق قانۇنشۇناسلىق قۇرۇلتىيىدا دوختۇر سوگناس سۆزگە چىقىپ، بۇ پولاتتەك پاكىت شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ھىتلېرنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن قىلچە گۇمان يوق. سوۋېتلىكلەرنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش خۇلاسىسى ھەقىقەتەنمۇ ھىتلېرگە ئائىت جەسەتتىن چىقىرىلغان خۇلاسە دەيدۇ. ئۇنداقتا ھىتلېرنىڭ ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋالغانلىقىنىڭ دەلىلى نەگە كەتتى؟ ئوق ئىزى يوقلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان باش سۈڭىكىمۇ يوق قىلىنغان. شۇنىڭدەك يەنە ھىتلېرنىڭ كالپۇكلىرىنىڭ ئاممونىي سىيانىد ئىچكەنلىكى سەۋەبىدىن كۆكۈرۈپ كېتىشىنى مۇداپىيە ئاكوپى ئىچىدىكىلەردىن ھېچ كىم كۆرمىگەن. شۇنىڭدەك يەردە پەقەت بىرلا قۇرۇق زەھەر كاپسولى تېپىلغانلىقىمۇ راست ئىدى.
ئەمما گيۆبېلسنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۇنچىۋالا سىھىرلىكلەشتۈرۈلمىدى. 1-ماي كۈنى، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن سۇلھىي قىلىش ئۇرۇنۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغاندىن كېيىن، گيۆبېلس ئاديۇتانتى گۈنتەر شۋاگېرمانغا “ھەممە ئىش تۈگەشتى” دېگەن. ئاندىن ئۇ ھىتلېرنىڭ كۈمۈش رامكىلىق بىر رەسىمىنى شۋاگېرمانغا تۇتقۇزۇپ ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالاشقان. گيۆبېلس خانىمى 6 بالىسىنى ئۇيغاتقان: “بالىلىرىم، قورقماڭلار، دوختۇر سىلەرگە خۇددى ئەسكەرلەر بىلەن بالىلارغا سالىدىغان ئوكۇلغا ئوخشاش سىلەرگىمۇ ئوكۇل قىلىدۇ” دېگەن ۋە كۇنز ئىسىملىك بىر دوختۇر ھەر بىر بالىغا بىردىن مورفىن ئوكۇلى سېلىپ ئۇلارنى ئېغىر ئۇيقىغا پاتتۇرغاندىن كېيىن، گيۆبېلس خانىمى ئۆز قولى بىلەن ھەر بىر بالىسىنىڭ ئاغزىغا بىر تالدىن كالىي سىياند قاچىلانغان ئەينەك كاپسۇل سېلىپ ئەزگەن.
مۇداپىيە ئاكوپىدىكى قالغان كىشىلەر، بۇ يەردىن قېچىپ چىقىشنىڭ ئاخىرقى يوليورۇقىنى ئاڭلايدۇ. ئۇلار 6 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن ئايرىلىدۇ. ئاخشىمى سائەت 9 دا، ئۇلاردىن بىرىنچى گۇرۇپپا ئەڭ يېقىندىكى مېترو (يەرئاستى تۆمۈر يولى) نىڭ كىرىش ئېغىزىغا كىرىپ ئۇ يەردىن تۆمۈريول بويلاپ فرېيدېرىخ كوچىسىدىكى بىكەتكىچە پىيادە ماڭىدىغان، ئاندىن مېترودىن چىقىپ سپرېي دەرياسىدىن ئۆتۈپ غەرىپكە ياكى غەربىي شىمالغا قاراپ غەرب ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسىنى تاپقىچە ياكى دۆنتز بىلەن ئۇچراشقىچە ماڭىدىغان بولغان. قالغان بەش گۇرۇپپىنىڭ قېچىش يوللىرى ئوخشاش ئىدى. ئەمما ئۇلار مۇددەتكە بۆلۈنۈپ يولغا چىقىدىغان بولغان. ئۇلاردىن بىر قىسمى ئەسىرگە چۈشكەن بولۇپ، بەكلا ئاز قىسمى ئۆلگەن. بۇ قېچىش ھەقىقەتەنمۇ مۇجىزەۋى قېچىش ئىدى.
كېمپكا، ئاخشىمى سائەت 8 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە گيوبېلىسنىڭ يېرىگە ئۇلار بىلەن ۋىدالاشقىلى كىرگىنىدە بالىلارنىڭ ھەممىسىلا ئۆلۈپ بولغانلىقىنى كۆرگەن.894 گيۆبېلس خانىمى ئۇنىڭدىن ئوغلى خارالدقا سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويىشىنى، ئاندىن ئوغلىغا ئائىلىسىدىكەلەرنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئاندىن گيۆبېلس ئەر-خوتۇن ئىككىسى قولتۇقلاشقىنىچە ئىشىكتىن چىقىدۇ. گيۆبېلس بەكلا تەبىئىي بولۇپ، ناۋماننىڭ ساداقەتلىكى بىلەن ئۇنىڭ چۈشىنەلىگىنىگە رەخمىتىنى بىلدۈرىدۇ؛ ماگدا ئۇنىڭغا پەقەت بىر قولىنىلا سۇنىدۇ. ناۋمان ئۇنىڭ قولىنى سۈيۈپ قويىدۇ. گيۆبېلس قىزىقچىلىق قىلغان ھالدا “دوستلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمىسۇن دەپ گۈللۈككە ئۆزىمىز مېڭىپ بارىدىغان بولدۇق” دەيدۇ. ناۋمان ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ ۋىدالاشقاندىن كېيىن، گيۆبېلس ئايالىنى يىتىلىگىنىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي تار پەلەمپەيدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىش ئېغىزىغا قاراپ يولىنى داۋام قىلىدۇ. ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. كەينىدىنلا بىر پاي ئوق ئاۋازى، ئۇلاپلا يەنە بىر پاي ئوق ئاۋازى كېلىدۇ. شۋاگېرمان بىلەن گيۆبېلس ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ شوپۇرى بىرلىكتە ئالدىراش پەلەمپەيدىن يوقۇرى چىقىدۇ. ئۇلار گيۆبېلس ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ يەردە ياتقانلىقىنى كۆرىدۇ. بىر ئېس-ئېس مۇھاپىزەتچىسى كۆزلىرى چەكچەيگىنىچە ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى — بۇ ئەسكەر ئۇلارغا ئوق چىقارغان ئىكەن. ئۇ كەينىدىن كەلگەن ئىككەيلەن بىلەن بىرلىكتە جەسەت ئۈستىگە 4 بوتۇلكا بېنزىن چېچىپ ئوت يېقىۋېتىدۇ. ئۇلار، جەسەت كۈللىرىنىڭ ئىزىنى قالدۇرماي يوق قىلىۋېتىش بۇيرۇقىغا قارىماي، جەسەتلەرنىڭ كۆيۈشىنى كۈتمەستىنلا مۇداپىيە ئاكوپىغا قايتىپ كىرىدۇ. ئۇلار قالغان بىر شىشە بېنزىننى زالىغا چېچىپ ئوت ياقىدۇ.
مارتىن بورماننىڭ تەغدىرى غوجايىنىغا قارىغاندا بەكىرەك تالاش تارتىش قوزغايدۇ. كىشىلەر ئومۇمەن ئالغاندا بورمان بېرلىندىن قېچىش يولىدا ئوق تىگىپ ئۆلدى دەپ قاراشسىمۇ، كېيىن يوق قىلىۋېتىلگەن ئەنگىليە ۋە ئا ق ش ئىككى دۆلەت مەخپى ئاخبارات ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە ئۇنىڭ ئىتالىيەنىڭ بولزانو دېگەن يېرىگە قېچىپ كەتكەن بولىشى ئېھتىمالى بارلىقىنى؛ ئۇنىڭ ئايالى يېنىغا 9 بالىنى ئېلىپ بېرتىشگادېندىن قېچىپ چىقىۋالغاندىن كېيىن شۇ يەردە كۈتۈپ تۇرغان. شۇندىن كېيىنكى 27 يىل جەريانىدا، گېزىت خەۋەرلىرىدە بورماننىڭ ئوتتۇرلۇقتا كۆرۈنگەنلىكى ھەققىدە پات-پاتلا خەۋەرلەر بېسىلىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئارگېنتىنادا كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر يېيىلىدۇ. 1972-يىلىنىڭ يىل ئاخىرلىرىدا، ئامېرىكىلىق يازغۇچى لادىسلاس فاراگو، قولىدا بورماننىڭ ھازىرغىچە ھايات ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئىشەنچىلىك پاكىتلار بارلىقىنى، ئۇنىڭ ھازىر لاتىن ئامېرىكىسىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ خەۋەر بىر مەزگىل داغ-دۇغا پەيدا قىلىۋېتىدۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىملىق داغ-دۇغا پەيدا بولىدۇ: گېرمانىيە دائىرىلىرى، ئۇلار فۈھرېرنىڭ يەرئاستى ئىستىھكامىنىڭ يېقىنىدا بورماننىڭ جەسىدىنى تاپقانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئىلگىرى ھىتلېرنىڭ جەسىدى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان دوختۇر سوگناس، چىشلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئىسپاتلاش ئۈچۈن باش سۈڭىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش تەلىۋىدە بولغان. دەسلىۋىدە، ئۇنىڭ بۇ تەلىبى تەستىقلانمىغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر بۇ جەسەتنى يالغان جەسەت بولىشى مۇمكىن دەپ گۇمانلىنىشقان. كېيىن، يەنى 1973-يىلى كۈزدە، سوگناس مىڭ تەستە تەكشۈرۈش تەستىقىغا ئېرىشكەن. جەسەت ئېچىلىپ 3 ئايدىن كېيىن باش سۈڭىكىدىكى چىشلار بىلەن پىشانە سۈڭىكى تەكشۈرۈلگەن. دوختۇر سوگناس كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس-ئانگلىس شۆبىسىگە قايتىپ كېلىپ قانۇن دوختۇرلۇق ئانالىز دوكلاتىنى تەييارلايدۇ. 1974-يىلى، ئۇ لوندوندا چاقىرىلغان “خەلقارالىق چىش دوختۇرلىرى بىرلەشمىسى دۇنيا قۇرۇلتىيى” غا تەييارلىغان ماتېرىياللىرىنى سۇنىدۇ. ئۇ دوكلاتىدا، بۇ باش سۈڭىكى ھەقىقەتەنمۇ بورمانغا تەۋە سۈڭەك دەپ خۇلاسە چىقارغان. شۇنداق قىلىپ، ھىتلېرنىڭ ئەڭ سادىق مالىيىنىڭ سىرىمۇ ئاخىرقى ھېساپتا ئاشكارىلانغان بولدى.
2
ئاخىرقى كۈنلەرگە كەلگىچىلا ھېينىرىخ ھىملېر ئىزچىل تۈردە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتۈپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا بىرەر خاتالىق كۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە ھۇشىيار ھەرىكەت قىلىپ يۈرىدۇ. ھىتلېر ئۆلگەندىن كېيىن شىمالغا قېچىپ كېتىپ، ئۇ يەردە فۈھرېردىن ئۆزىنى گېرمانىيە يېڭى ھاكىمىيىتىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق ئادىمى قىلىپ تەيىنلىنىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ دۆنىتز “بۇ مۇمكىن ئەمەس، مېنىڭ ساڭا بەرگىدەك بىرەر ئىشىم يوق” دەيدۇ.895 ئۈمىدسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان ھىملېر، شۋېرىن ۋون كروسىگىكتىن مەسلىھەت سوراشقا مەجبۇر بولىدۇ: “ئېيتىڭا، سىزچە مەن زادى قانداق بىرى بولىشىم كېرەك؟” دەپ سورايدۇ بۇ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن. “سىزنىڭ بىلەن باشقا ھەر قانداق بىرسىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىشى مېنى پەقەتلا قىزىقتۇرمايدۇ. — دەپ جاۋاب بېرىدۇ بۇ مىنىستىر ئاچچىق بىلەن، — مېنى قىزىقتۇرىدىغىنى كىشىلەرنىڭ تەغدىرى ئەمەس بەلكى بىزنىڭ تەغدىرىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى.” كروسگىك ئۇنىڭغا ئىككىلا يول قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ: يا ئۆلىۋېلىش يا بولمىسا ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ يۈشۇرۇنۇپ يۈرۈش. “ئەگەر مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولسام، ماشىنامنى ھەيدەپ ئۇدۇل مونتگومېرىينىڭ ئالدىغا باراتتىم-دە، ‘مانا مەن ئېس-ئېسلار باشلىقى ھىملېر بولىمەن، مەن قول ئاستىمدىكىلەرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يالغۇز ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىشقا تەييارمەن’ دېگەن بولاتتىم” دەيدۇ.
شۇ ئاخشىمى، ھىملېر يېقىن كىشىلىرىگە قىسقىچىلا قىلىپ، يېڭى بىر ۋەزىپىنى ئورۇندىشىمىز كېرەك، بۇ ئىش ئۈچۈن پەقەت بىر قانچىمىز ئاتلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ دەيدۇ. ئۇ بۇرۇتىنى چۈشۈرۈپ تاشلاپ، كۆزىنىڭ بىرسىنى بىر پارچە لاتا بىلان تېڭىۋالىدۇ. ئىسمىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە 9 نەپەر كىشى يولغا چىققان بولۇپ، بۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ قۇراللىق ئېس-ئېس باش ئاديۇتانتى ۋېرنېر گروتمانمۇ بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ۋېرنېر يوشۇرۇنىۋالغان ئىدى. ۋېرنېر گروتمان غوجايىنىنىڭ يېنىغا بىر كاپسول ئاممونىي سىيانىد سېلىپ يۈرگەنلىكى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇنى ئىچىۋېلىشنى پىلانلاپ يۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ. شۇڭا ئۇ ھىملېرنى ماڭغىدەك يول قالمىغان كۈنلەردە بۇ زەھەرنى ئىچىپ ئۆلىۋېلىپ مەسئولىيەتتىن قېچىشنى پىلانلاپ يۈرگەنلىكىنى، يەنە كېلىپ قول ئاستىدىكى باشقا مەسئۇل كىشىلەرنىڭ بۇنداق بىر يولنى تاللىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنى ئەيىپلەيدۇ. ۋېرنېر، ئىمپىرىيە ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ھىملېر ئەپەندى، سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز قول ئاستىڭىزدىكى ئوفىتسېر-جەڭچىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ مەسئولىيىتىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىشلا بولۇپ قالماي، يەنە قۇراللىق ئېس-ئېس تەشكىلاتىنىڭ، ئېس-ئېس ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ، ۋە شۇنىڭدەك يىغىۋېلىش لاگىرلىرى مۇھاپىزەتچىلەر قىسىملىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئايرىم-ئايرىم تەشكىلاتلار ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېلان قىلىشىڭىز كېرەك دەيدۇ. بۇ گەپلەردىن ھىملېر ئىككىلىنىپ تۇرۇپ كېتىدۇ: “مەن زەھەر يىگەندىن كېيىن ياش ئوفىتسېر بولغان سىلەر گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى، يەنى مېنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى، قايسىلىرىنى مەن قىلغان ئىشلار ئەمەسلىكى قاتارلىقلارنى دۇنياغا بىلدۈرۈشىڭلار مۇمكىن” دەيدۇ. شۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئۆتمەي ھىملېر ئەنگلىيە قوشۇنلىرىغا ئەسىرگە چۈشىدۇ. بىر دوختۇر ئۇنىڭغا ئادەتتىكىچە بەدەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاغزىدا بىر نەرسە بارلىقىنى پەرق قىلىدۇ. ئۇ دەرھال قولىنى تىقىپ ئۇ نەرسىنى چىقىرىۋالماقچى بولىۋاتقىنىدا ھىملېر كاپسولنى چايناپ ئىزىپ يۇتىۋالىدۇ-دە، شۇ ھامات جېنى چىقىدۇ. بۇنىڭدەك ئۆلىۋېلىش ۋەقەلىرى شۇندىن كېيىنمۇ پات-پاتلا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇنداقلارنىڭ سانىنى پەرەز قىىنغان ساندىن بەكلا ئاز دېيىشكە بولاتتى. بولۇپمۇ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغانلار يوق دېيەرلىك بولۇپ، پەقەت روبېرت لېي دېگەن بىرسىلا نيۇرېمبېرگ سوتىدا سوتلىنىشنى كۈتۈپ يۈرگەن مەزگىلدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.
نيۇبېرگ سوتىدا ئەڭ جاھىل ئۇنسۇر يەنىلا شۇ گيۆرىڭ ئىدى. ئۇ تۈرمىگە ئېلىپ كېلىنگىنىدە يېنىغا بەكلا كۆپ پارادوسىن تابلىتىنى ئېلىپ كىرگەن بولۇپ، ھەر كۈنى 40 دانە ئىچىپ تۇراتتى. ئەمما ئۇ سوتقا چىقىپ شاھىتلىققا تارتىلغىنىدا بۇنداق خۇمار دورىسى ئىچىش ئادىتىنى پۈتۈنلەي تاشلايدۇ. ئېغىرلىقىمۇ يۈزدە قىرىق يەڭگىللەپ، ئارانلا 153 قاداققا چۈشۈپ قالىدۇ (بىر ياۋروپا قادىقى تەخمىنەن يېرىم كىلوگرامغا تەڭ — ئۇ. ت). گيۆرىڭ سوت جەريانىدا ئاساسەن يالغۇز بېشىغا فۈھرېرىنى ئاقلاپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ باشقا ئەيىپلەنگۈچىلەردىن تۈپكى پەرقى، گيۆرىڭ مەسئۇلىيەتنى ھەرگىزمۇ باشقىلار ئۈستىگە ئارتىپ قويمايتتى ياكى بولمىسا ھىتلېرنىڭ قىلغان ئىشى دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنمايتتى. ئۇ تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ھەممە ئىشتا ئۇلارغا بۇيرۇق بېرەتتى، ھەممىنىڭ بىرلا ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ كامىرىغا قايتقىنىدا قىزغىنلىق بىلەن قوللىرىنى ئۇگىلىغىنىچە مەن ئەسلى ئەڭ ياخشى تېرنېر بولاتتىمكەن دەپ ماختىناتتى. ئۇ ئۆزىنى ماختىغان ھالدا قارىلىغۇچىلار بىلەن مەيداندىكىلەر بىلەن قاتتىق مۇنازىرىلىشىپ كېتەتتى. ئەگەر بىرەر قارىلانغۇچى ئۇنىڭغا قارشى چىققىدەك ياكى بويۇن ئەگكىدەكلا بولىدىكەن، بۇنداق ئۈمىدسىزلىك ئەھۋاللاردا گيۆرىڭ دەرھال ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئۇنداقلارغا تەھدىد قىلىپ تىللىغىنىچە ئېغىز ئاچالماس قىلىۋىتەتتى. “نېمىسلارنىڭ دۈشمەنگە روھىنى سېتىۋېتىشىنى كۆرسەملا ئۇنداقلاردىن يىرگىنىپ كېتىمەن!” دەيدۇ بىر قېتىملىق چۈشلۈك تاماق ئۈستىدە، ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋېتىپ غەزەپتىن ئۈستەلنى مۇشلاپ ۋارقىراپ كېتىدۇ: “ئاناڭنى … مەن ھەممەيلەندىن جاسارەت بىلەن ئۆزىمىزنى ئاقلاش سۆزىنى مۇنداق ئىككى ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلىشىنى تەلەپ قىلىمەن: ‘سۇڭۇمنى يالا!’“896
22 نەپەر ئاساسلىق قارىلانغۇچىلاردىن پەقەت 3 نەپىرىگىلا (شاچىت، پاپېن ۋە فرىتزىش ئۈچىسىگىلا) گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىپ، 8 نەپىرىگە ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ؛ قالغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. 1946-يىلى 15-يانىۋار ئاخشىمى سائەت 10 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، گيۆرىڭ ئۇستىلىق بىلەن بىر كاپسول ئاممۇنىي سىياندنى قولغا كىرگۈزۈپ ئىچىپ ئۆلىۋېلىپ جاللاتنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئىشى باشلىنىدۇ. بىرىنچى بولۇپ دار ئاستىغا چىقىدىغان 13 باسماقلىق پەلەمپەيگە قاراپ يۈرگىنى رىبېنتروپ ئىدى. “تەڭرى گېرمانىيەنى ساقلىغاي! — دەپ ۋارقىرايدۇ رىبېنتروپ دار ئاستىدا، — مېنىڭ ئۈمىدىم گېرمانىيىنىڭ پارچىلانماي بىر پۈتۈن ھالىدا قېلىشى، بۇ ھەقتە غەرپ ۋە شەرقلىقلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن” دەيدۇ. ئۇ، پەقەت نيۇرېنبېرگدىلا نۇرغۇنلىغان مۇنازىرە تەلەپ قىلىنمايدىغان پاكىتلارنى كۆرگىنىدىن كېيىنلا ئاندىن مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن يەھۇدىينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكىنى، ھىتلېر ئۇنىڭغا قايتا-قايتا بىز يەھۇدىيلار مەسىلىسىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىمىز دەپ ئېيتقانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىنى دەپ كېلىپ، “مەن ئىشنىڭ بۇ دەرىجىگىچە تەرەققىي قىلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن!” دەيدۇ ئا ق ش پسىخولوگى گ. م. گىلبېرتقا.
ئىككىنچى بولۇپ دار ئاستىغا ماڭغىنى كېيتېل ئىدى. بىر قانچە مىنۇت ئاۋال پوپ ئۇنىڭغا ئەڭ ئاخىرقى دۇئاسىنى ئوقىۋاتقىنىدا ئۇ چىدىيالماي يىغلاپ تاشلىغان ئىدى. مانا ئەندى، ئۇ جاسارىتىنى تىكلىگەن بولۇپ، “مەن ھەممىگە قادىر تەڭرىمنىڭ گېرمانىيە خەلقىنى ئەپۇ قىلىشىنى تىلەيمەن. ھەممە گېرمانىيە ئۈچۈن! رەخمەت سىلەرگە! — دەيدۇ. ئۇ بۇرۇلۇپ بايىقى ئامېرىكىلىق پوپقا، — مەن سىزگە ۋە سىزنى بۇ يەرگە يوللىغان خەلققە چىن قەلبىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن” دەيدۇ. بۇ چاغدا، جاللاتلىققا تاللانغان سېرژانت جون ۋودس ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تاقەتسىزلىنىپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇ ئاغامچىنى كېيتېلنىڭ بوينىغا ئۆتكۈزۈپ بېشىنى قارا لاتا بىلەن پۈركەيدۇ. ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە بۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى “گېرمانىيە تەڭداشسىز!” دەپ توۋلايدۇ. سوت جەريانىدا كېيتېل يالغۇز قالغىنىدا گىلبېرتقا ئۆزىنىڭ ھىتلېر تەرىپىدىن سېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ، “ئەگەر ئۇ پۈتۈن يالغانچىلىقلارنى ئىشقا سېلىپ بىزنى ئالداپ يۈرمىگەن بولسا ئىدى، بىزنى ئاخماق قىلىپ يۈرمىگەن بولسا ئىدى، بىزمۇ بۇنداق خامخىياللار ئىچىدە ئۇرۇش قىلمىغان بولاتتۇق!” دېگەن.
3
قاتتىق داۋالغۇچلار ئىچىدە ئۆتكەن ئاخىرقى كۈنىدە، بەكلا كۆپ ھىتلېرغا سادىق كىشىلەر ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ: 4 نەپەر كاتىپبى؛ ئىككى نەپەر ئەڭ مەغرۇرغ ئارخىتىكتور بولغان سپېر بىلەن گېيسلېر؛ ليۇتچىكى باۋۇر؛ شوپۇرى كېمپكا؛ خىزمەتچىسى لىنگ؛ ئوغۇرلۇقچە دەستىخاندا يۇشۇرۇنۇقچە سۆزلىرىنى خاتىرلەپ كەلگەن ھېيىم بىلەن كويپېن ئىككىسى؛ ئايالىنىڭ يېقىن دوستى شنېيدېر خانىم؛ ئۇنىڭ غۇرۇرلىنىدىغان جەڭچىسى سكورزېنىي بىلەن رۇدېل؛ ئۇنىڭ ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان ئايال تۇنۇشلىرىدىن لېنى رېيفېنستاھل، گېردىي تروست ۋە ھېلېنا خانفستانگل قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئايال قاتارلىقلار ئۆلۈمدىن قۇتۇلىدۇ.
ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئاديۇتانتى بىلەن بىر مۇنچە ئوفىتسېرى جېنىنى ساقلاپ قېلىش بىلەنلا قالماي، يەنە مەردانىلارچە سۆزلەپ ياشاپ كېلىدۇ. بۇنداقلاردىن پۇتكامېر، ئېنگەل، بەلوۋ، ۋۈنش، شۇلز ۋە گۈنشلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن. گۈنش، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن شەرقى گېرمانىيەدە 12 يىل قاماقتا ياشىغاندىن كېيىن غەربىي گېرمانىيەگە كېلىۋالىدۇ. ئۇ قايتىپ كېلىپ ياشلارنىڭ ساقال قويۇپ ئۇزۇن چاچلىق يۈرىشىنى كۆرۈپ قاتتىق چۈچۈپ كېتىدۇ. “قەدىرلىك دوستۇم، — دەيدۇ شۇلز ئۇنىڭغا، — بىز ئۇرۇشتا يېڭىلگەن ئىدۇق، مانا ئەندى ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ. بۈگۈنكى ياشلار بىز ياشىغان دەۋرنىڭ ياشلىرىغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان بولۇپ ئۆزگىرەپ كېتىپتۇ” دەيدۇ. شۇڭا ئۇ گۈنشنى رىياللىققا قايتۇرۇپ كېلەلىشى ئۈچۈن بېرگخوفقا باشلاپ بارىدۇ. ئۇ يەردىكى بىنا 1945-يىلى 4-مايدىلا ئېس-ئېسچىلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلۈپ تۈپتۈز قىلىۋېتىلگەن ئىدى.897 قالغان خارابىلىقنىمۇ ئامېرىكىلىقلار تازىلاپ تۈزلىۋەتكەن ئىكەن. ھەممە ئۆزگىرىپ كەتكەن، ھەتتا بۇ بىناغا چىقىدىغان كۆپ پەلەمپەيلىك يارمۇ پەرق قىلغۇسىز بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئىككەيلەن بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ يۈرگىنىدە شۇلزنىڭ ئايالى ئۇ ئىككىسىنى رەسىمگە تارتىپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەيران بولغان قىياپىتى شۇنداق قىلىپ رەسىمگە تارتىلىپ ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ئىپادىنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ رەسىم، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشىنىپ كەلگەن ئادىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاقىۋىتىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرەتتى. يىگىرمىنچى ئەسىر تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق ئادەم، بەكلا ئاز بىر قىسىم سادىق مورتلىرىدىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭ ئۈچۈن مەيۈسلەنمىگىدەك بولۇپ ئاللىمۇ قاچان يەر يۈزىدىن يوقالغان ئىدى.
قوشۇمچە-1
ئاپتور ھەققىدە
جون تولاند، 1912-يىلى ۋىسكونسىن شىتاتىدا تۇغۇلغان ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى ۋە تارىخشۇناس. تولاند ئەسكەر بولۇپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ياش ۋاقتلىرىدا ئۇ بىر تارىخچى بولىدىغانلىقىنى زادىلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەن بولۇپ، پۈتۈن خىيالى برودۋېي تىياتىر يازغۇچىسى بولۇشلا ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا تىياتىر ئىجادىيىتى كەسىپىنى ئوقۇيدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، چامادانىنى كۆتۈرۈپ پۈتكۈل ئامېرىكىنى كېزىدۇ. 42 ياشقا كىرگىچە تولاند كەسىپى جەھەتتە بەك ئۇتۇقلۇق بىر يازغۇچى ھېسابلانمايتتى، مەمورى خىزمەتلەردىمۇ بەك ئېتىبارغا ئېرىشەلمىگەن، پەقەت ئادەتتىكىلا بىر ئوفىتسېر بولالىغان، ئائىلە تۇرمۇشىمۇ ئوڭۇشلۇق ھېسابلانمىغان بىرى ئىدى. 1954-يىلى يېقىنلىرى ئۇنىىڭغا ھاۋا كېمىسى (ئۇچار بالون كېمە، شار كېمە، دىرىژابل – ئۇ.ت) ھەققىدە بىر كىتاب يېزىپ چىققىش مەسلىھەتىنى بېرىدۇ. ئۇمۇ ھاۋا ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئورناتقان مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇچار كېمە دەۋرىدە بۇ ئىش بىلەن شوغۇللانغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ كۆپلىگەن بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئېرىشىدۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭ «ئاسمان كېمىسى» دېگەن كىتابى، ئۇنى بىراقلا شۆھرەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
بۇ كىتابىنى يېزىشتىن بۇرۇن ئۇ 120 پارچە ھىكايە، 25 پارچە سەھنە ئەسىرى ۋە 5 پارچە رومان يازغان بولۇپ، بۇلاردىن بىر قانچە قىسقا ھېكايىلىرىلا بېسىلىپ، قالغان ئەسەرلىرى ھېچ كىمنى قىزىقتۇرالمىغان ئىدى. ئۇ، شوھرەت تاپتۇرغان ھاۋا كېمىسى ھەققىدىكى كىتابىدىن كېيىن ئۆز قابىلىيىتىنى تونۇپ يېتىدۇ. تولاند، شۇندىن باشلاپ ئۆزىنى تارىخقا بېغىشلايدۇ.
تولاند شۇندىن كېيىن روناق تېپىپ، بۇ يىرىك ئەسىرىدىن باشقا يەنە «پېرل خاربور ۋەقەسى ۋە ئاقىۋىتى»، «ياپونىيە ئىشغالى»، «ياپون ئىمپېرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى»، «ئامېرىكىلىقلار نەزىرىدە كورىيە ئۇرۇشى» دېگەندەك يىرىك ئەسىەرلەرنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ئەسەرلىرى ئىچىدە «ياپون ئىمپېرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى» دېگەن كىتابى 1971-يىللىق پۇلىتزېر ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. تولاند، ياخشى بىر تارىخ كىتابى “ھاياتلىق تارىخى بولىشى كېرەك” دەپ قارايتتى. ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدا، پورتېر بروئۇن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا بروئۇن كىچىك تولاندنى يېتىلەپ يېقىندىكى بىر گوبېرناتور تىياتىرخانىسىغا بېرىپ كىنو كۆرۈپ كېلەتتى. ھەر قېتىم يېڭى كۆرىۋاتقان كىنو يېرىملاشقىنىدا، بروئۇن تولاندنى يېتىلىگىنىچە كىنوخانىدىن چىقىپ قايتىپ كېتەتتى. ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىككىسى ئولتۇرۇپ بايىقى كىنونىڭ ئاخىرىنى يېزىش سىنىقىغا تۇتۇش قىلاتتى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئۇلار كىنونىڭ ئاخىرى قانداق پۈتكەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن يەنە شۇ كىنونى كۆرگىلى باراتتى. ئەمما ئۇلار ھەر قېتىمىدا كۆرگەن كىنوسىغا قارىغاندا ئۆزلىرى ئۆزگەرتىپ يازغان كىنونىڭ ئاخىرى تېخىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ پۈتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. تولاند بۇ ئىشلار ھەققىدە كېيىنچە ئەسلەپ كېلىپ، بروئۇننىڭ ئۇنىڭغا ھەممىدىن كۈچلۈك تەسىر قىلغان سۆزى، “سەن نېمىلا يازماقچى بولىدىكەنسەن، ۋەقەلىكنى قەلىمىڭدا سۆزلەتمەي رەسمى ۋەقە رولىنى ئويناپ بەرگەن بولىشىڭ كېرەك” دېگەن سۆزلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ گەپنى تولاند، “ئەگەر بىرەر نەرسە يازماقچى بولىدىكەنسەن، ئۇنى ئۆز قارىشىڭ بويىچە بايان قىلماي، ئۇنى بىر ۋەقەلىك، ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگەن بىر ۋەقەلىك دەپ تونۇپ ۋەقەلىككە ئۆزەڭ قاتناشقاندەك ئويناپ كۆرسىتىشىڭ كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا جانلىق تارىخ يازالىغان بولىسەن” دەپ چۈشىنىدۇ. مانا بۇ، تولاندنىڭ يېزىقچىلىقتا ئەمەل قىلىدىغان تۈپكى پىرىنسىپى ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ يازغان تارىخ كىتابلىرى زىرىكىشلىك تەسۋىرلەر بىلەن يېزىلىدىغان ئەنئەنىۋى تارىخ يېزىش ئۇسلۇبىنىڭ ئەكسىچە ئىنتايىن قىزىقارلىق ۋەقەلىكلەر ۋە دىئالوگلار بىلەن تولغان جانلىق بىر تارىخ مۇھىتى تەسىرى بېرىپ كىتابخانلارنى تارىخ ئىچىگە چۆكۈپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۆزىگە خاس ئىجادىي ئالاھىدىلىكلەرگە ۋە مول بەدىئىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ئۇنىڭ ھەر بىر ئەسىرى دۇنياغا كېلىشى بىلەن، جامائەتچىلىك ئارىسىدا قىزغىن داغ-دۇغا پەيدا قىلىپ كەلدى.
تولاندنىڭ كىتابلىرى ئەنئەنىۋى تارىخ ماتېرىياللىرىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەنلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى، ئەينى ۋاقتىدا ياشىغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلىشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. تولاند، كىتابىدا بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى كىتاپخانلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇ «كۈرەش: تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىسىملىرىنىڭ ھىكايىسى» دېگەن ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن ئامېرىكا گېنېرالى كلارك، گېرمانىيە گېنېرالى لورد مانتفېر، رىۋايەتكە ئايلانغان تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئەترىتىنىڭ كوماندىرى سكرېسنى، … ۋە شۇنىڭدەك 400 دىن ئارتۇق ئۇرۇشتىن ساق چىققان ئەسكەر، 75 نەپەر ئۇرۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن پۇخرا قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ چىققان. ئۇ ماتېرىيال توپلاش مەقسىتىدە ئىلگىرى-ئاخىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، ئىسپانىيە ۋە ليۇكسېمبۇرگ قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ يۈزمىڭ مىل، يەنى 160 مىڭ كىلومېتىر يول باسقان، بۇ جەرياندا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىشخانىلىرىنى، ئامېرىكا دۆلەت ئارخىپخانىلىرىنى، غەرب ھەربى مەكتىۋى _ داڭلىق ئا ق ش ئوفىتسېر يېتىشتۈرۈش ئۇنىۋېرسىتىتى بولغان ۋېيس پوينت، يەنى غەربى ھەربىي مەكتەپ ۋە يەنە ئا ق ش دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىك بىناسى بولغان بەششۋار شەكىللىك پېنتاگون بىناسى، ئاردېن رايونىدىكى چوڭ-كىچىك قەلئەلەر، بېلگىيەنىڭ تاشلاندۇق كان قۇدۇقلىرى، داخاۋ يىغىۋېلىش لاگىرىنىڭ گاز بېرىپ ئۆلتۈرۈش بۆلۈملىرىنى، ئىسپانىيە دېڭىز ساھىللىرىنى، بەكلا كۆپ كونا ئۇرۇش مەيدانلىرىنى … زىيارەت قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ كىتابى ئۇنىڭ ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى تارىخى بىلىم ساھەسىدىكى ئورنىنى تىكلەپ بېرىدۇ. 1965-يىلى، تولاند، ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇپ بىلەن «ئاخىرقى يۈز كۈن» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ كىتاب، 1945-يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ گېرمانىيەنىڭ شەرقى چېگراسىغا يېقىنلاپ كېلىشى، سوۋېت، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلكەت رەھبەرلىرى يالتادا سۆھبەت باشلىغانلىقىدىن باشلانغان بولۇپ، كىشىلەرگە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەزگىللەردە ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانلىرىدا يۈز بەرگەن بىر-بىرىدىن تەسىرلىك مەنزىرىلەرنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. تولاند بۇ كىتاۋىنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن ياپون ئايالى بىلەن بىرلىكتە تۆمۈر پەردىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئەينى ۋاقتىدا بەكلا ئاز غەرپلىك ئاياق باسالايدىغان شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە «ئادولف ھىتلېر» (يەنى قولىڭىزدىكى بۇ بىئوگرافىيە) نى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن ئۇ يەنە بىر قېتىم گېرمانىيە ساياھىتىگە ئاتلىنىدۇ. ئۇ گېرمانىيىگە كىرىپلا يېپ-يېڭى بىر ئاپتوموبىل سېتىۋالغان بولسىمۇ، تولا يول يۈرۈپ ئارىدىن 10 ئاي ۋاقىت ئۆتكىچە بۇ ماشىنا شالاخشىپ رېمونتخانىدىن بېرى كېلەلمەس ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. بىۇ قېتىم تولاندنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلار ئارىسىدا گېرمانىيە ئادمىرال پولكوۋنىكى كارل دېنس، ھىتلېرنىڭ خۇسۇسىي دوختۇرى، كاتىبى ۋە شوپۇرى قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە ھىتلېرنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئەمما كېيىن ھىتلېرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلۈشكە قىل قالغان روز (ۋىليام يازغان «ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى» دە بۇ كىشى ئىنتايىن قىزىقارلىق قىلىپ تەسۋىرلەنگەن)، ئېۋا براۋننىڭ قىز دوستى سېند، ھىتلېرنىڭ تۇققىنى ھانس، … قاتارلىقلار بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ. ھەتتا ئۇرۇش مەزگىلىدە ئا ق ش ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھىتلېر ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پسىخوئانالىز دوكلاتلىرىنىمۇ تېپىپ كۆرۈپ چىقىدۇ. بۇ تۈردىكى بىرىنچى قول ماتېرىياللارنىڭ بولىشى نەتىجىسىدە بۇ كىتاب ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلارلىق ئىنتايىن باي مەزمونلۇق بىر كىتاب ھالىغا كېلىدۇ. «نيۇ يورك ۋاقتى ئوبزورچىلىقى» مۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلارلىق ۋە ئىنتايىن قىزىقارلىق بۇ خەلق تىلىدىكى كىتابنى مەدھىيلەپ كېلىپ، “بۇ كىتاب، ھازىرغىچە ھىتلېر ھەققىدە يېزىلغان كىتابلار ئىچىدە بۇ كىتاب ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ مۇكەممەل يېزىلغان بىر كىتاب” دەپ باھا بېرىدۇ.
بەلكىم ئايالى بىر ياپون بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، تولاندنىڭ ئەسەرلىرىدە بىر تۈرلۈك ساقلانغىلى بولمايدىغان ئاسىيا پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، ئاسىيا توغرىلىق يازغان بىر قانچە ئەسىرىدىمۇ تولاندنىڭ ئەسەرلىرىدىكى جەۋھەرلىك قىسمى نامايەندە بولۇپ تۇراتتى. 1961-يىلى، تولاند تىنچ ئوكىيان ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن دەسلەپكى ئەسىرى «غۇرۇر» نى يېزىپ چىقىدۇ. كېيىنچە، يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «قۇياشنىڭ تۇغۇلۇشى: ياپونىيە ئىپىرىيىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە يىمىرىلىشى»، «ئۇرۇش ئىلاھى»، «رەسۋالىق: پېيرل خاربور پورتى ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن»، «ياپونىيە ئىشغالىيىتى» ۋە «ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈرەش: ئامېرىكىلىقلار نەزىرىدە كورىيە ئۇرۇشى» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇلاردىن «قۇياشنىڭ تۇغۇلۇشى: ياپونىيە ئىپىرىيىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە يىمىرىلىشى» دېگەن ئەسىرى ئۇنى 1971-يىللىق ئامېرىكا نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئەڭ يوقۇرى مۇكاپاتى بولغان پۇلىس ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرىدۇ. تولاند، «غۇرۇر» دېگەن كىتابىنى يېزىش ئۈچۈن ماتېرىيال توپلاش جەريانىدا ئا ق ش ئارمىيىسىنى نۇمۇسقا قويغان پيېر خاربور پورتىنى، ماكارتو يوشۇرۇنغان فىلىپىن غارلىرى، خوڭكوڭ نامرىراتلار رايونى، ياپونىيەنىڭ سابىق ئادمىرالىنىڭ مېھمان كۈتۈش زالى قاتارلىق بىر مۇنچە ئۆي ۋە غارلارغا ئىزىنى قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش سەپىرىدىمۇ نۇرغۇنلىغان يېڭى تونۇشلارغا ئېرىشىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ياش بولغان تونىي ئاچىنو ۋە كېيىن فىلىپىن پرىزدېنتى بولىدىغان راموس قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. بۇ دوستلىرى تولاندنىڭ ئۇزۇن يىل ئېغىز ئاچماي جىم يېتىۋالغان زامانىسىنىڭ شاھىت كىشىلىرى بىلەنمۇ تونۇشتۇرىدۇ. تەيبىيدە، تولاند جاڭ كەيشىنىڭ “ئورۇنباسار پرىزدېنتى” چىن چىڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ. سۆھبەت بىرەر سائەتتەك داۋام قىلغاندىن كېيىن، چىن چېڭ ئۆزلىكىدىن تولانددىن سورايدۇ: مېنىڭ مونچامغا كىرىشنى خالىمامسىز دەپ سورايدۇ. چىن چېڭ بۇ تارچۇق يەردە تولاندقا قېلىن بىر پاپكا ھۈججەتنى تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا: بۇ مېنىڭ تەرجىمىھالىم، بۇنى فورموزىدا مەڭگۈ ئېلان قىلالمايمەن، دەپ پىچىرلايدۇ. فىلىپىندا بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلاپ قالغان سابىق پرىزدېنت ئوسمىرىيا، تولاندقا كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا قەلبىدە 20 يىلدىن بويان يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر سىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ: فىلىپىن پىرىزدېنتى كۇي سوڭ، 1942-يىلى مانىلادىن چېكىنىشتىن سەل ئاۋال، لاۋلېر بىلەن تونىنىڭ دادىسى بېننىئو ئاكىنو ئىككىسىنى ۋەتەن ساتقۇچ قىياپىتىگە پۈركۈنۈپ مانىلادا قېلىپ ياپونلارنى كۈتىۋال دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ ئىشنى مەڭگۈ تىنماسلىققا قەسەم قىلدۇرىدۇ. ئوسمىلىيە بۇ ئىشنى پۈتۈن دۇنياغا ئۇقتۇرۇپ، لاۋلېر بىلەن ئاكىنو ئىككىسىنى گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىش، ئۇلار ئەسلىدە جېنىنى تىكىپ قويۇپ مىللىتى بىلەن يۇرتداشلىرىنى قوغدىغان قەھرىمانلار ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلاشنى تولاندىن تەلەپ قىلىدۇ.
تولاندنىڭ يېزىقچىلىقىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك، “رېيالىزم” دېگەننى مەدھىيىلەش بولۇپ، ئۇ باشتىن ئاخىرى “دۇنيا گراجدانى” لىق نوقتىسىدا تۇرۇپ ئەسەرلىرىدە قىلچىمۇ ئىدىيىۋى پۇراق بولىشىغا يول قويماسلىق ئىدى. دەسلەپكى يىللاردا تولاند سىنونى زىيارەت قىلغان ھەمدە ئامېرىكا كومپارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ، ئىككىنچى سىنو بولۇش ئىرادىسىنى تىكلىگەن. كېيىنچە، ئامېرىكا كومپارتىيىسىنىڭ ئۇرۇش دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كەينىدىن كېتىپ قېلىشىغا قايىل بولماي، سىياسىي ئەقىدىسىدە تەۋرىنىش بولۇپ، كېيىن كومپارتىيىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ ھاۋا ئارمىيىسىدە ئەسكەر بولغان ۋاقىتلىرىدا، بىر قارا تەنلىك ئوفىتسېرنى ئوفىتسېرلار ئاشخانىسىغا باشلاپ تاماققا تەكلىپ قىلغىنىدا باشقىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغانلىقى، ئۇنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدىكى بېشىدىن ئۆتكەن بۇ تۈردىكى ۋەقەلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەش بىلەنلا چەكلىنىپ بايان قىلىش ئۇسلۇبىنى قوللانغان بولۇپ، قىلچىمۇ باھالاشتا بولماسلىق ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ ۋەقەلىك تەسۋىرى ئىچىدىن بۇ تۈردىكى ھادىسىلەرنىڭ ياخشى-يامان تەرەپلىرىنى ئاسانلا كۆرۈپ ئالالايتتى. ئۇنىڭ بۇ تۈر يېزىش ئۇسلۇبىمۇ ئامېرىكىدا ئەنئەنىۋى تارىخچىلارنىڭ “ئەخلاقى تۇيغۇلىرى يېتەرلىك ئەمەس”، “رېئالىزىملىق تەرىپى كۈچلۈك” دەپ تەنقىتكە قېلىشىدىكى بىر سەۋەب ئىدى. 1982-يىلى، تولاند تولۇق پاكىتلار ئاساسىدا يېزىپ چىققان «رەزىللىك: پىېر خاربور پورتى ۋە ئاقىۋىتى» دېگەن ئەسىرى بۇ تۈر ئالاھىدىلىكنىڭ جانلىق ئۈلگىسى ئىدى. بۇ كىتابىدا تولاند، ئەڭ ئاۋال روزۋېلت، مارشال قاتارىدىكى كىشىلەرنىڭ شىفىرسى يېشىلگەن ياپونىيەۈ شىفىرلىرى ئاساسىدا ھېچ بولمىغاندا پېيېر خاربور ۋەقەسى پارتلاشتىن 5 كۈن بۇرۇنلا ياپونىيە بىرلەشمە دېڭىز فلوتلىرىنىڭ مارجان ئاراللىرىغا قاراپ ھەرىكەت قىلغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭمۇ ياپون بىرلەشمە فلوتىنىڭ بۇ قېتىملىق ھەرىكىتىنىڭ نىشانى يەنە شۇ مارجان ئاراللىرى ئىكەنلىكىدىنمۇ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىنتايىن جانلىق بىر شەكىلدە بايان قىلىپ چىققان. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا روزۋېلت ئا ق ش نىڭ ئىچكى يالغۇزلۇق ھېسسىياتىنى بۆسۈپ ئۆتۈشنى مەقسەت قىلىپ، ھەمدە ئىستىخبارات باھالاشتىكى خاتا يول كۆرسىتىشلەر بىلەن قوشۇلۇپ، مەقسەتلىك ھالدا پيېر خاربور پورتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىغا يول قويغانلىقىنى، ئاخىرىدا نەچچە مىڭ نەپەر ئامېرىكا ئوفىتسېر-جەڭچىلىرىنىڭ ياپون قوشۇنلىرىنىڭ ئايروپلانلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە بومباردىمان قىلىنىشىغا يول قويۇپ بەرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇ كىتاب نەشرىدىن چىقىشى بىلەن، ئامېرىكىدا قاتتىق داۋالغۇشلارنى پەيدا قىلىۋەتكەن بولۇپ، بىلىم ساھەسىدىكىلەر بۇ كىتابنى ئىنتايىن ئۆتكۈر تىللار بىلەن تەنقىتلىشىدۇ.
تولاند ياشانغان مەزگىللىرىدە ئىككى قېتىم چىنغا زىيارەت قىلىدۇ. تولان، بۇ قېدىمى تۇپراقلاردا ۋە بۇ يەردىكى كىشىلەرگە قارىتا ئىنتايىن چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. تولاند چىنغا كېلىپ، نۇرغۇنلىغان تارىخچى كەسىبداشلىرى بىلەن تونۇشىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا نەنكەي ئۇنىۋېرسىتىنىڭ داڭلىق ئامېرىكا تارىخچىسى پروفىسسور خۋا چېڭجاۋمۇ بار ئىدى. تولاندنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم قىلىشى نەتىجىسىدە خۋا چېڭجاۋ ئامېرىكىغا بېرىپ ترومىن دەۋرىدىكى ئا ق ش ھۆكۈمەت ئارخىپخانىسىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنىدى. بۇ ئىشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بۇ ساھەدە ئەڭ ئاساسلىق ئەسەر دەپ تونۇلغان «يالتادىن بانپانمۇنجومغىچە» دېگەن ئەسەر دۇنياغا كېلىدۇ. ئامېرىكىدا نەشرى قىلىنغان «ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى» دا تولاندقا ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇنداق دەپ باھا بەرگەن: “ئۇنىڭ ھەر بىر پارچە ئەسىرىدە شۇ تارىخىي دەۋرگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلاتتى، ھەتتا بەزىدە شۇ تارىخى دەۋرنىڭ تارىخى پاكىتى قاتارىدىكى قاتناشقۇچىلىرىنى ئالا قويماي زىيارەت قىلىپ چىقاتتى، ھەتتا بەزىلىرىنى نەچچە يۈز كىشىنى زىيارەت قىلاتتى. شۇ ئارقىلىق شۇ دەۋر ھەققىدە كۆپ تەرەپلىمە بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئېرەشەلەيتتى. ئۇ زىيارەت قىلغان كىشىلىرىگە ئىمكان بار رىئال مۇناسىۋەت قىلىشقا تىرىشاتتى. ‘مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇ تۈر زىيارەتلەر مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپەم.’ دەيتتى. ‘مەن بىلگەنلىرىمنىڭ ھەممىنى ئالدىڭلارغا قويدۇم. بۇنىڭدىن ئۆزەڭلار خۇلاسە چىقارغايسىلەر. بۇ جەرياندا مەن ئۆز پىكىرىمنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تار دائىرە ئىچىدە چەكلەپ تۇتۇشقا تىرىشتىم.’ دەيتتى.” مانا بۇ، تولاندقا بېرىلگەن ئەڭ مۇۋاپىق باھا.
قوشۇمچە-2:
ھەربىي ئۈنۋان سېلىشتۇرمىسى
گېرمانىيە: SS گېرمانىيە بېرتانىيە ئا ق ش قىزىل ئارمىيە
رېىيچ فۈھرېر گېنېرالفېلدمارشال فيېلد مارشال گېنېرال ئارمىيە سوۋېت مارشالى
ئوبېرستگرۇپپېن فۈھرېر گېنېرالئوبېرست گېنېرال گېنېرال گېنېرال ئارمىيە
ئوبېرگرۇپپېن فۈھرېر گېنېرال ليېۋتېنانت گېنرال ليېتېنانت گېنېرال گېنېرال پولكوۋنىك
گرۇپپېن فۈھرېر گېنېراللېۋتنانت مايور گېنرال مايور گېنېرال گېنېرال لېتىنانت
برىگادې فۈھرېر گېنېرالمايور برىگاديېر برىگاديېر گېنېرال گېنېرال مايور
ئوبېر فۈھرېر — — — —
ستاندارتېن فۈھرېر ئوبېرست كولونېل كولونېل پولكوۋنىك
ئوبېرستۇرمبان فۈھرېر ئوبېرستلېۋتنانت ليېۋتېنانت كولونېل لىيېتېنانت كولونېل پودپولكوۋنىك
ستۇرمبان فۈھرېر مايور مايور مايور مايور
خاۋپتستۇرم فۈھرېر خاۋپتمان كاپتاين كاپتاين كاپىتان
ئوبېرستۇرم فۈھرېر ئوبېرلېۋتنانت ليېۋتېنانت فىرست ليېتېنانت لېيتېنانت
ئۇنتېرستۇرم فۈھرېر لېۋتنانت سېكوند ليېۋتېنانت سېكوند ليېتىنانت ملادىشى لېيتېنانت
ستۇرمشار فۈھرېر ستابسفېلدۋېبېل سېرگيانت مايور سېرگېيانت مايور ستارشىنا
ستابسشار فۈھرېر خاۋپتفېلدۋېبېل — — —
خاۋۇپتشار فۈھرېر ئوبېرفېلدۋېبېل سېرگيانت مايور ماستېر سېرگېيانت ستارشىنا
ئوبېرشار فۈھرېر فېلدۋېبېل سېرگيانت تېخنىك سېرگېيانت —
شار فۈھرېر ئۇنتېرفېلدۋېبېل ستاف سېرگيانت ستاف سېرگيانت ستارشى سېرژانت
ئۇنتېرشار فۈھرېر ئۇنتېرئوففىزىيېر سېرگيانت سېرگيانت سېرژانت
روتتېن فۈھرېر ستابسگېفرېيتېر كورپورال كورپورال ملادىشى سېرژانت
سترۇرممان ئوبېرگرېناديېر لانس كورپورال پرىۋات 1 يېفېرتور
ئېس-ئېسمان شۈتزې پرىۋات پرىۋات ريادوۋى
قوشۇمچە-3:
ئىئان كېرشاۋ
ھىتلېر
1889~1936: خۇبرىس
1936~1945: نېمېسىس
Ian Kershaw
Hitler
1889-1936: Hybris
1936-1945: Nemesis
London
2000
ئۇيغۇرچە تەرجىمان ئىزاھاتى:
بۇ كىتاب، رەسىم-قوشۇمچە بەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنسا نورىمال كىتاب بېتى ھېسابىدا تەخمىنەن ئىككى-ئۈچ مىڭ بەتلىك قېلىن كىتاب بولىدىغان ئىككى توملۇق يىرىك بىيوگرافىيە كىتاۋى بولۇپ، ھىتلېر تەرجىمە ھالىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا يىرىك ئەسەرلەرگە نىسبەتەن بۇ كىتابنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى جەھەتتىكى ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىك _ ئەڭ كېيىن يېزىلغان ئەسەر بولىشى بىلەن خاراكتېرلىنىشى مۇمكىن. ئەمما مەزمۇن جەھەتتە بۇنىڭغا ئوخشاش باشقا يىرىك بىيوگرافىيە ئەسەرلەر ھىتلېرنى بىر بولسا بەكلا چۆكۈرۈپ ياكى ھاقارەتلەپ تەسۋىرلىگەن بولسا، يەنە بەزىلىرى بەكلا مۇبالىغە قىلىپ ياكى سىرلىقلاشتۇرۇپ تەسۋىرلىگەن؛ بەزىلەر نوقۇل ۋەقەلىك بايانى شەكلىدە يېزىشقان بولسا، يەنە بەزىلەر رەسمى تەھلىل خاراكتېرىدە يېزىشقان. مەسىلەن، جون تولاند يازغان «ئادولف ھىتلېر سەرگۈزەشتىلىرى» دېگەن ئەسىرى ئاساسەن ۋەقەلىك بايانى خاراكتېرىدا ھىتلېرنىڭ رولى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ يېزىلغان بولسا، كېرشاۋنىڭ بۇ ئەسىرى ۋەقەلىك تەھلىلى ئاساسىدا ھىتلېرنىڭ رولى خۇنۈكلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا گېرمانىيە مۇھىتنىڭ رولى، نېمىس خەلقىنىڭ ئەينى ۋاقتىدىكى تەلىبى تۈرتكىلىك ئورۇنغا قويۇپ يېزىلغان دېيىش مۇمكىن. يەنە شۇنىڭدەك، تولاند ۋەقەلىك بايانى ئاساسىدا ئوتتۇردا ئېقىپ يۈرگەن مەنتىقىلىق دەپ قارالغان بارلىق ۋەقىلىك تەسۋىرلىرىنى ئاساسەن پىكىر قوشماستىن بايان قىلغان دېسەك؛ كېرشاۋنىڭ بۇ كىتاۋى رىياللىقتا بۇنداق بىر ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىغا ماس كېلىش-كەلمەسلىكىنى، بۇنداق بىر ۋەقەلىكنىڭ گېرمانىيە ئەمەلىيىتىگە، ئەينى ۋاقتىدىكى نېمىس خەلقىنىڭ روھى ھالىتىگە ئۇيغۇن كېلىش-كەلمەسلىكىنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا ۋەقەلىكلەر بايان قىلىنغان دېيىشىمىز مۇمكىن. يەنى كېرشاۋ، رېياللىقتا ياشىغان ئادەتتىكى بىر ھىتلېر تەسۋىرى يارىتىش ئۈچۈن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلۇق ياكى سۆز-چۆچەكلىك دەرىجىسى، مۇبالىغە-چۆكۈرۈش تەركىۋىنىڭ بار-يوقلۇق دەرىجىسى ۋە مىجەز-ۋەقەلىكلەرنىڭ ھىتلېر ۋە زامانىسىنىڭ رىياللىقىغا ئۇيغۇن كېلىش-كەلمەسلىك دەرىجىسى تەھلىلى ئاساسىدا بۇ كىتاۋىنى يېزىپ چىققان دېيىشىمىز مۇمكىن (قىزىق، ئىئان كېرشاۋ بۇ كىتابىنىڭ پايدىلىنىش ماتېرىياللار قىسمىدا جون تولاندنىڭ ئادولۇف ھىتلېر بىيوگرافىيە ئەسىرىنى تىلغا ئالمىغان. دېمەك، كېرشاۋ، تولاندنىڭ ھىتلېر بايانلىرىنى رىياللىققا بەك ئۇيغۇن دەپ قارىمىسا كېرەك؟ ھەتتا بىر ھېسابتا كرېشاۋ، ئۆزىنى نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشتۈرگەن بۇ ئەسىرىدە تولاندنىڭ ھىتلېر بيوگرافىيىسىنى مۇبالىغە دەپ قاراپ رەت قىلىشقا ئۇرۇنغان دېيىشكىمۇ بولىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ، ۋە بەلكىم پروفىسسور بولغان كېرشاۋ، بىر يازغۇچى بولغا تولاندنىڭ ئەسىرىدىن پايدىلىنىشنى خالىمىسا كېرەك؟). ئەمما كېرشاۋ بۇ كىتابىدا ھىتلېرنى ئۈندۈرۈپ چىققان تۇپراقنىڭ ئەينى ۋاقتىدىكى نېمىس خەلقى، گېرمانىيە شارائىتى ۋە قىسمەن دۇنيا ۋەزىيىتى دېگەنگە مائىل تەھلىللەرنى ئاساس قىلغانلىق پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. يەنى، كېرشاۋ بۇ كىتابىدا ئەينى ۋاقتىدىكى گېرمانىيىگە خاس بىرەر ئەقىدىگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرالىغىدەكلا بىرسى بولسا، ئەينى ۋاقتىدىكى گېرمانىيە مۇھىتى ئۇنداق بىرسىنى ھىتلېر قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە تەييار ئىدى دېگەندەك تەسىرات بېرىدىغاندەك كۆرۈنمەكتە. شۇنداقتىمۇ، بىر مۇستەبىتنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا يېزىلغان بۇ كىتاپ يەنىلا نۇرغۇن تەپەككۈر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ نوقتىدىن ئالغاندا، ھىتلېرنى تەپسىلى ئەمما ئادەتتىكىچە تونۇشنى مەقسەت قىلغان كىتابخانلىرىمىز ئۈچۈن تولاندنىڭ ئەسىرىنى؛ چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمە قىلغان ئاساستا ھىتلېرنى ھەر خىل باھالار بويىچە مەخسۇس تونۇشنى مەقسەت قىلغان تەتقىقاتچى كىتابخانلىرىمىزغا كېرشاۋنىڭ بۇ ئەسىرىنى تەۋىسىيە قىلىشىمىز مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىككىلا كىتابنى ئادەتتىكى قىزىققۇچىلار ئۈچۈنلا مۇكەممەل بىر ئوقۇشلۇق بولۇپ چەكلىنىپ قالماستىن، مەخسۇس تارىخ تەتقىقات ماتېرىيالى سۈپىتىگە ئىگە كۈتۈپخانىلار تەكچىلىرىدە ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك كىتاب دەپ قاراشقا بولىدۇ.
تۆۋەندىكى كىرىش سۆز ۋە ئىزاھاتلار، «ئىتھاكى» نەشرىياتى ئىستانبۇل فېۋرال 2008. تۈركچە 1-نەشر باسمىسىغا ئاساسەن («ھىتلېر»، تۈركچە نۇسخىسىنىڭ بىرىنچى قىسىم «خۇبرىس» جەمئىي 815 بەت؛ ئىككىنچى قىسىم «نېمېسىس» جەمئىي 1165 بەت) تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتابنىڭ چىنچە تەرجىمىسىمۇ ئىككى توم قىلىپ بېسىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەن.
— ئا. ئابدۇلھەق بوران
تۈركچە تەرجىماننىڭ ئىزاھاتى:
ئىئان كېرشاۋنىڭ كەڭ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ «ھىتلېر» بيوگرافىيىسىنىڭ بىرىنچى قىسم قوشۇمچە ماۋزۇسىغا «خۇبرىس» (Hubris) دەپ نام بېرىلگەن. گرىكچىدىن كەلگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ سۆز مەنىسى مەنمەنچى، قوپال، ئاتىكاچى، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، چېكىدىن ئاشقان غۇرۇرلۇق دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. لۇغاتلاردا كۆرسىتىلگىنىدەك، Hybris دېگەن بۇ ئاتالغۇ يونان پەلسەپەسىدە كەڭ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئابستراكىت بىر چۈشەنچىنى ئىپادىلىمەكتە؛ يونان تراگىدىيىسىدە ئادەمنى گۇناھقا زورلايدىغان، ئۆزىنى خاراپ قىلىش يولىغا يىتەكلەيدىغان مەنمەنچىلىك ئۇرۇنۇشى بىلەن ئۆزىنى سەل چاغلىمايدىغان مىجەزلەرنى كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭدەك بۇنداق بىرسى ھەر دائىم يونان ھەققانىيەت ۋە قىساس تەڭرىسى بولغان نېمېسىسنىڭ غەزىۋىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا كېرشاۋ، بۇ كىتاۋىنىڭ ئىككىنچى قىسمىغا «نېمېسىس» (Nemesis) دەپ قوشۇمچە ئىسىم قويۇش ئارقىلىق تراگىدىيىدىكى تەبىئى جازالىنىش ئەھۋالغا ئىشارەت قىلماقچى بولىدۇ.
بىز، ئەنە شۇ مەنىنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە، شۇنىڭدەك لۇغاتلاردا كۆرسىتىلگەندەك بۇ سۆزلەرنى تولۇق مەزمۇنى بويىچە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش قىيىن بولىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئەسلى ئارگىنالدىكى “خۇبرىس” بىلەن “نېمېسىس” قوشۇمچە كىتاب ئىسمىنى تەرجىمە قىلىشقا ئۇرۇنماي ئۆز پىتى ساقلاپ قالدۇق.
― تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچىلار:
بىرىنچى قىسىم «خۇ برىس»: زەرىفە بىلىز
ئىككىنچى قىسىم «نېمېسىس»: ياۋۇز ئالوگان
2008
ئاپتور كېرشاۋنىڭ كىرىش سۆزى
بۇندىن بىر قانچە يىل ئاۋال ھىتلېرنىڭ بىيوگىرافىيىسىنى يېزىش ئىشى خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرسى، ئۇ كۈنلەرگىچە بۇ مۇستەبىتنىڭ نۇرغۇنلىغان بىيوگرافىيىسى يېزىلىپ ئېلان قىلىنغانلىقىدىن تولۇق خەۋىرىم بارلىقى ئىدى. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدە، ئالان بۇللوكنىڭ ھىتلېر ھەققىدە يازغان تۇنجى بيوگرافىيە ئەسىرىنى ھەيرانلىق ئىچىدە ئوقۇپ چىققان ئىدىم. جوۋاچىم فېست يازغان يېڭى ھىتلېر بىيوگرافىيىسىنى 1973-يىلى نەشرىدىن چىقار-چىقماي ئۇخلىماي دېگىدەك كېچىچە ئولتۇرۇپ ئوقۇپ پۈتتۈرگەن ئىدىم. شۇنىڭدەك بۇ ئاپتورنىڭ مۇكەممەل بايان قىلىش ئۇسلۇبىغا ھەقىقەتەنمۇ بەكلا قايىل بولغان ئىدىم. 1989-يىلى، بۇللوك بىلەن فېست يازغان ئەسەرلىرىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا سەل ئۆكۈنگەن بولساممۇ، كېيىن قولىڭىزدىكى بۇ كىتاپنى ئوتتۇرغا چىقىرىش ئىشىنى ئۆزەمگە بىر ۋەزىپە قىلغان ئىدىم. يەنى توغرىسى، بۇنداق بىر ئەسەر يېزىشقا قايىل قىلىنغان ئىدىم.
ئەينى ۋاقتىدا بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىشتا ئىككىلىنىپ قالغانلىقىمغا مۇنداقمۇ بىر سەۋەپمۇ بار ئىدى: ئىلمى تەتقىقات پىلانلىرىم ئارىسىدا بۇنداق بىر بىيوگرافىيە ئەسىرى يېزىش پىلانىم پەقەتلا يوق ئىدى. بەك بولۇپ كەتسە، بۇنداق بىر ئىشقا تەنقىدى قارىشىمنى ئىپادىلەش ئويۇملا بولغان دېيەلىشىم مۇمكىن ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىر تارىخچىسى بولۇش يولىدا باشلىغان ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىمنىڭ ئەڭ بېشىدىن تارتىپلا مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلگەن نەرسە ئاساسى نىشانىمنى ئىجتىمائىي تارىخ مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈش بولۇپ، ھېچ قاچان يوقۇرى سەۋىيىلىك سىياسى ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈشنى ئويلاپ كۆرمىگەن ئىدىم. تەتقىقات ئىشلىرىمدا خالىغان بىر ئادەم ئۈستىگە مەركەزلىشىپ تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىشنى زادىلا ئويلاپ قويمايتتىم. 1970-يىللاردا گېرمانىيە تارىخ ئەسەرلىرىدە _ بولۇپمۇ بىيوگرافىيە ئارىلاشقان ئەسەرلەردە _ ئومۇملىشىپ كەتكەن يۈزلىنىشلەرگە دۈچ كەلگەن ۋاقتىمدا بىئوگرافىيە نىشانىغا بۇرۇلۇش خىيالى كاللامدا شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. ئۇ دەۋردە نىشانىمنى ئۆزگەرتىپ ئۈچىنچى ئىمپىرىيىگە – ئۈچىنچى رېيچقا دائىر تەتقىقاتلار بىلەن شوغۇللىنىش پىكىرىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمدا مېنىڭ دىققىتىمنى ھىتلېر بىلەن ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتى تارتقان ئەمەس، بەلكى ئۇ دەۋرلەردىكى ئادەتتىكى نېمىسلارنىڭ ئويلىغانلىرى بىلەن ئىش-ھەرىكەتلىرىگە بەكىرەك قىزىققان ئىدىم. دەسلەپكى تەتقىقاتىم مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان “باۋارىيە لايىھىسى” ئىچىدىن ئورۇن ئېلىنىشىمدىن كېيىن ئوتتۇرغا چىققان ئىدى.
شۇنىڭدەك، بۇ تەتقىقاتنى تاللىۋېلىشىمدا ئىنتايىن تالانتلىق مەسلىھەتچى ھېسابلىنىدىغان مارتىن بروسزاتنىڭ مېنى ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرۈشىنىڭمۇ تۆھپىسى چوڭ. بۇ تەتقىقات ئىشلىرىدا ناتسىستلار ھۈكمۈرانلىقى ئاستىدىكى مەۋجۇت بولغان ئومۇملاشقان كۆزقاراشلار بىلەن سىياسى زىددىيەتلەرنى ئاشىكارىلاپ ھەمدە ھىتلېرنىڭ خەلق ئارىسىدا قايسى تۈردە بىر خاراكتېر بىلەن ئوتتۇرغا چىققانلىقىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قىزىقىپ كېلىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنىڭ پېيىگە چۈشۈشكە باشلىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتىمدا، 1970-يىللاردا گېرمانىيىدە كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ھىتلېرگە مۇناسىۋەتلىك تارىخ يېزىش مەسىلىلىرىدە كۆرۈلگەن تالاش-تارتىشلارمۇ بۇ مەسىلىنى كۈچلۈك تۈردە نامايەن قىلىپ بەرمەكتە ئىدى. ئەمما نېمىس بولمىغان مېنىڭدەك بىرسى ئۈچۈن، ھىتلېرنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا ھىتلېر خاراكتېرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ھەمدە ئۇنىڭ ئاممىۋىلىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىگە، پائالىيەتلىرى ۋە ئوينىغان رولىغا بەكىرەك قىزىققان ئىدىم. بۇ تالاش-تارتىشلاردا ئۆزەمنى بۇ ئىشتىن بىخەۋەر بىرسى دەپ ھېس قىلغان ئىدىم.
1979-يىلىسى لوندون ئەتراپىدىكى كۇمبېرلاند لودگتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى ئىمپىرىيە ھەققىدە ئەسەر يازغان نېمىس “داڭلىق كىشىلىرى” نىڭ كۆپ قىسمى قاتناشقان، ناتسىستلار ھاكىمىيەت سىستېمىسدا ھىتلېرنىڭ رولىغا مۇناسىۋەتلىك ئالدىنقى قاتاردىكى تارىخچىلار ئوتتۇرسىدىكى چوڭقۇر مۇلاھىزە پەرقلىرىنىڭ ئۇپئوچۇق ۋە قورقۇنۇشلۇق بىر شەكىلدە ئوتتۇرغا قويۇلغان مۇھىم بىر ئىلمى دوكلاد يىغىنىدا، شاگىرت بىلەن ئۇستاز ئوتتۇرسىدىكى سەۋىيە بىلەن بۇ يىغىنغا قاتناشقىنىمدىن كېيىن مېنىڭدىكى بۇ تۈر خاملىق ھېسسىياتلار قىسمەنلىكتە بولسىمۇ ئازايغان ئىدى. بۇ ئىلمى دوكلاد يىغىنىغا قاتنىشىش مېنى نېمىس تارىخ ئەسەرلىرىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلارنى تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە يىتەكلەندىم دېسەم خاتا بولماس. شۇنداق قىلىپ بۇ يىغىن، بۇنداق بىر تەتقىقات ئەسىرىنى ئېلان قىلىشىمغا سەۋەپچى بولۇپ بەرگەن ئىدى. بۇ تەتقىقاتىمدا، ناتسىستلار ھاكىمىيىتىگە قارىتا _ ناتسىستلار مۇستەبىتىنىڭ بىئوگرافىيىسى بىلەن شوغۇللىنىشتىن ھالقىپ، تېخىمۇ يىراقلارنى كۆزەتكەن ‘ئەمەلىيەتچى’ پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمغا سەۋەپ بولغانلىقى ئېنىق.
ئەنە شۇ سەۋەپتىن، ئاخىرىدا ھىتلېر بىئوگرافىيىسىنى يازغىدەك سەۋىيىگە يەتكەنلىكىم، يەنى مۇنداق ئېيتقاندا بۇ ساھەگە “ئېزىپ كىرىپ قالغان” لىقىم تۈپەيلىدىن قىلچە خىجىللىق ھېس قىلمايمەن. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ سىستېما ئىچىدە ھىتلېرنىڭ تۇتقان ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك بىر-بىرسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار ئوتتۇرسىدا شەكىللىنىپ قالغان ھاڭ بىلەن ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن بارغانسىرى كۆپ مەشغۇل بولۇشۇم، مېنى يولغا قويۇلغان بۇ نەرسىدىن ئىلھام ئالغان، بۇ تۈزۈمنىڭ ئايرىلماس تايىنىش نوقتىسى بولغان ئادەم ھەققىدە، يەنى ھىتلېر ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ ئويلىنىشقا مەجبۇر ھالغا كەلتۈردى. بۇ ئىش يەنە كېلىپ تۆۋەندىكى نوقتىلار ئۈستىدە ئويلىنىشىمغىمۇ سەۋەب بولدى: بۇ جەھەتتە شۇنچىۋالا روشەن شەكىلدە قۇتۇپلىشىشتىن ساقلانغىلى بولماسمىدى؟ شۇنىڭدەك ‘شەكىللەندۈرۈشنى ئاساس قىلغۇچى، ئەمەلىيەتچان’ بىر تارىخچى تەرىپىدىن، يەنى بىئوگرافىيە تەنقىدچىسى نوقتىسىدا تۇرۇپ ئىستىخىيىلىك نوقتىدا قارايدىغان، بەلكى دەسلىۋىدە مۇرەككەپ تارىخىي جەريانلاردا ھەرقانچە كۈچلۈك كىشىلەر ئوتتۇرغا چىققان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، شەخسىلەرنىڭ ئوينىغان رولىنى مۇبالىغىلەشتۈرىۋېتىش ئورنىغا شەخسىنىڭ رولىغا بەكلا سەل قاراش پوزىتسىيىسىدە بولغان بىرسى تەرىپىدىن يېزىلغان ھىتلېر بىئوگرافىيىسىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرلىق بىر تەسىرنى ئوتتۇرغا چىقىرالىشى مۇمكىن بولماسمىدۇ؟
ئاخىرقى ھېساپتا ئوتتۇرغا چىققان ھىتلېر بىئوگرافىيىسىنىڭ بىر ۋاستە، بىر پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولىدىغان بۇ ئىجادىيەتتە، ئەسلىدە پۈتۈن ئىنسانىيەت تارىخىدا ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە بەزى جەريانلارنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشىدە رول ئوينىغان شەخسىگە ئائىد ئامىللار بىلەن شەخسىگە ئائىد بولمىغان ئامىللارنى بىر پۈتۈنلەشتۈرۈشكە دائىر تىرىشچانلىقىم نامايەن قىلىندى. بۇ كىتاپنى يېزىش جەريانىدا مېنى قىزىقتۇرۇپ كەلگەن نەرسە، 1933-يىلى بىلەن 1945-يىلى ئوتتۇرسىدىكى گېرمانىيىنىڭ تەغدىرىنى قولغا ئالغان بىر كىشىنىڭ غەلىتە مىجەز-خاراكتېرلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قانداق قىلىپ بۇ ئورۇنغا كېلەلىگەنلىكى، قانداق قىلىپ شۇنچە ئىشلارنى قىلالىغىدەك ئورۇنغا كېلەلىگەنلىك مەسىلىسى مېنى ئىزچىل تۈردە بەكىرەك قىزىقتۇرۇپ كەلگەن ئىدى: بۇ مەسىلىلەر ئارىسىدا، دەسلىۋىدە يوقۇرى دەرىجىلىك دۆلەت ماقامىنى تەلەپ قىلغىدەك قىلچە ئىمكانىيىتى يوق بىرسىنىڭ قانداقلارچە ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرەلىگەنلىكى مەسىلىسى مېنىڭ ئۈچۈن ئۇنچىۋالا مۇھىم مەسىلە ئەمەس. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى، ئۆز ۋاقتىدا بۇنداق بىر كۈچنى مۇتلەق تۈردە ھۈكۈمران ھالغا كەلتۈرگىدەك نوقتىغا قانداق كېلىگەنلىك مەسىلىسى مەسىلىنىڭ تۈگۈنى ھېسابلىناتتى. ئۇ دەۋرلەردە ۋەزىيەت شۇنداق بىر نوقتىغا كەلگەن ئىدىكى، شۇنچە يوقۇرى دەرىجىلىك گېنېرال-مارشال ۋە لىسموسلار بىر سابىق ئون بېشى (ھەربىيلىك دەرىجىسىدىكى ئەڭ تۈۋەن دەرىجىلىك ئەسكەر ئۈنۋانى — ئۇ. ت) نىڭ بۇيرۇقىغا قىلچە سۈرۈشتە قىلماي، ھەرگىز دەرىجە قوغلاشماي مۇتلەق تۈردە قەتئىي بوي سۇنۇشقا تەييار ھالغا كەلگەن ئىدى؛ ئاجايىپ سەۋىيىلىك ‘كەسىپ ئەھلى’ لەر، جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ساھەسىدە زىرەكلىكىنى نامايەن قىلالىغان قالتىس قابىلىيەتلىك كىشىلەر، بىردىن-بىر قابىلىيىتى بولغان خەلق ئاممىسىنىڭ بوزەك ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى ھاياجانلاندۇرۇشتىن باشقا بىر ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان، تۈزۈك مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ئەڭ تۈۋەن دەرىجىلىك بىر كوماندىر ئالدىدا قىلچە سۈرۈشتە قىلماي، قىلچە باھالاپ ئولتۇرماي بويۇن ئېگىش ھالىغا كەلگەن ئىدى. بۇ مەسىلىگە جاۋاب تېپىش جەريانىدا، ئالايلۇق، ھىتلېرنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىدا مەۋجۇت بولغان قابىلىيەتلەر ئىچىدە بۇنداق بىر قابىلىيەتنىڭ بارلىقىنى پەرەز قىلالمىغان ئىكەنمىز، ئۇنداقتا، بۇنىڭ سەۋەبىنى، بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى ئاساسى جەھەتتىن ئالغاندا نېمىس خەلقى ئارىسىدىن، ھىتلېرنى ياراتقىدەك ئەھۋالغا كەلگەن سىياسى تۈرتكىلەر ئىچىدىن ئاختۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. مېنىڭ بۇ تەتقىقاتىمنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى، ئەنە شۇ ئىچكى تۈرتكە كۈچلىرىنى تەتقىق قىلىپ تېپىپ چىقىش، ئۆز كۈچىنى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلىيەلەيدىغان بىر سەۋىيىگە يەتكۈزۈپ شۇنچە ئومۇمىلاشقان ھالغا كەلتۈرەلىشىدە ھىتلېرنىڭ شەخسى تۆھپىلىرى بىلەن نېمىس خەلقىدىكى بۇ تۈرتكىلەرنىڭ پۈتۈنلەشكەن ھالغا كەلگەن نوقتىسىنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىدى.
باشقا تۈردىكى بىر-بىرسىگە زىت كېلىدىغان قاراشلارنى بىئوگرافىيىلىك ۋە ئىجتىمائى تارىخ ئەسەرلىرى ۋاستىسىغا تايىنىپ بىر پۈتۈن ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يول ئاختۇرۇپ يۈرگىنىمدە، ماڭا بەكىرەك ياردەم قىلغان باشقا بىرەر قاراش بارمۇ دەپ سورالسا، بۇنىڭغا مۇنداق بىر تەلىماتنى كۆرسىتىشىم مۇمكىن: ماكس ۋېبېرنىڭ “جەلىپ قىلارلىق داھى” تەلىماتى. بۇ تەلىمات ئاساسەن ئالغاندا سىياسى ھۈكۈمرانلىقنىڭ بۇ تۈردىكى پەۋقۇلئاددە شەكلىنى چۈشەندۈرۈشىنى، مەدھىلەشلەرنىڭ ئوبېكتىۋى بولغان كىشى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى بۇنداق جەلىپ قىلىنارلىق سالاھىيەتنى ھېس قىلالايدىغانلار ئارىسىدىن، يەنى بۇنداق بىر سالاھىيەتنى تونۇيدىغان خەلق ئاممىسى ئىچىدىن ئاختۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
جەسۇرانە ئۇرۇنۇش بولۇپ كۆرۈنىشى مۇمكىن بولغان ھىتلېرنىڭ يېڭى بىر بىئوگرافىيىسىنى يېزىشقا كىرىشىشىم ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرگۈچى بولغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل (ئىرادىنى سۇندۇرىدىغان، ھەتتا قورقۇتقۇچى ئامىللارنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىش لازىم)، فېستنىڭ مۇھىم بىئوگرافىيىلىرى — ئەلىۋەتتە بۇللوكنىڭ يازغان بىئوگرافىيىسى ھەققىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش باھادا بولۇشقا بولىدۇ — يېزىلغان دەۋرلەردىن بېرى، ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنىڭ بارلىق تەرەپلىرى بويىچە دېگىدەك ئىنتايىن سەۋىيىلىك نۇرغۇنلىغان ئىلمى تەتقىقاتلار ئىشلىنىپ ئوتتۇرغا چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن. كەينىگە يېنىپ قارىغىنىمىزدا، بۇرۇن يېزىلغان بۇ تۈر بىئوگرافىيىلەردە يەھۇدىي دۈشمەنلىكى سىياسەتلەر بىلەن “ھەل قىلغۇچ چارە” نىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ئۈچۈن بەكلا ئاز بەت ئايرىلغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئەھۋال. شۆبھىسىزكى، “ئاۋۇشۋىتزقىچە تەرەققى قىلغان ۋاستىلىق يول” (ئاۋۇشۋىتز — پولشادىكى ۋارشاۋانىڭ جەنوپ تەرەپلىرىگە توغرا كېلىدىغان ئىنتايىن سىرلىق ۋە دەھشەتلىك يەھۇدىي جازا لاگىرلىرىدىن بىرى — ئۇ. ت) نىڭ قۇرۇلۇشىغا ھىتلېرنىڭ، ھەر دائىم بىلگىلى بولماس قاراڭغۇلۇقى بويىچە قالىدىغان بۇ ئىشقا قانچىلىك ھەسسىسى بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىشنىڭ تەسلىكى بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولىشى كېرەك. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ ساھەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ ئىلگىرىلىشى نەتىجىسىدە يېڭىدىن بىر ھۆكۈم چىقىرىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمەكتە ۋە مەجبۇر قىلماقتا. ھەتتا مارلىس ستېينېرتنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلان قىلغان مۇھىم بىئوگرافىيىسى بىلەن بۇ جەھەتتە رەسمى قەدەم تاشلاندى دېيىش مۇمكىن.
يالغۇز ئىككىنچى قول مەنبەلەرلا ئەمەس، ھىتلېرغا مۇناسىۋەتلىك بىۋاستە مەنبەلەرمۇ بۈگۈنكى كۈندە يېڭىدىن بىر بىئوگرافىيە يېزىپ چىقىش ئىمكانىيىتىنى بەرمەكتە. ھىتلېرنىڭ 1925-يىلى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلىشى بىلەن 1933-يىلى باش مىنىستىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىللاردا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنىڭ ۋە يازغانلىرىنىڭ يىغىلىپ توپلام قىلىنىپ بىر قانچە توملۇق كىتاپ ھالىغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، ئىلمى تەتقىقات ماتېرىيالىغا قوشۇلغان ئەڭ مۇھىم مەنبەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھىتلېرنىڭ 1924-يىلىدىن بۇرۇنقى نۇتۇق ۋە يازغانلىرىنىڭمۇ يوقۇرقىدەك تولۇق يىغىلغانلىقى بىلەن بىر قاتاردا، بۇ مەنبە ھىتلېرنىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىشىدىن بۇرۇنقى بارلىق دەۋرلەردە خەلق ئاممىسى ئالدىدا ئوتتۇرغا قويغان شەكلى بويىچە ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرىنىڭ تەرەققى قىلىش جەريانىنى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىنى بەرمەكتە. ھىتلېرنىڭ بىئوگرافىيىسىنى يېزىش جەريانىدا پايدىلانماي بولمايدىغان، پۈتۈن بىر شەكىلدە تۇنجى قېتىم پايدىلىنىشقا بولىدىغان يەنە بىر مەنبە، تەشۋىقات مىنىستىرى جوزېف گيۆبېلسنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ئىدى. بۇ مەنبە يېقىنقى دەۋرلەردە موسكۋادىكى بۇندىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا كىرىشكە بولمايدىغان دۆلەت ئارخىپلىرىنىڭمۇ ئەينەك تاختىلار ئۈستىدىن (بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا قوللىنىلغان بىر خىل كۆچۈرۈش — كوپىيە چىقىرىش ئۇسۇلى) تولۇق قولغا كەلتۈرۈلدى. تەبىئىكى، تەشۋىقات مىنىستىرى بولغان گيۆبېلسنىڭ كېيىنچە نەشرى قىلىشنى نىيەت قىلغان، شۇنىڭدەك تەبىئىي ھالدا ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتىش، ناتسىست قەھرىمانلار تىزىملىكىدىكى ئۇلۇغ ئورنىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە يېزىپ چىققان، ھىتلېرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈچۈن ئاجايىپ ئورۇن بەرگەن بىر ئارگىنالغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئەلىۋەتتە زۆرۈر. شۇنداقتىمۇ بۇ مەنبەدە بايان قىلىنغان مۇلاھىزىلەرنىڭ بەكلا كۆپلىكى، شۇنىڭدەك دەۋر ئۈچۈن بىۋاستە مەنبە بولۇش ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، بۇ ماتېرىيالنىڭ ھىتلېر كۆزقاراشلىرى بىلەن ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى چۈشىنىش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم مەنبە ھالىغا كەلگەنلىكىنىمۇ كۆرۈپ ئالالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نەچچە ئون يىل مابەينىدە ھىتلېرنىڭ چۈشەنچىلىرى بىلەن ئۇنىڭ تۈزگەن پىلانلىرىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن مەخسۇس مەنبە سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كېلىنگەن، بىر تەرەپتە بۇللوچ، يەنە بىر تەرەپتە فېست ئىككىسى كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىپ كەلگەن مەنبەدىن بۇ ئەسىرىمدە پايدىلانمىدىم. ھېرمان راۋشنىڭگنىڭ «ھىتلېر نۇتۇقلىرى» ئىسىملىك ئەسىرىدىنمۇ بىرمۇ ستاتا كەلتۈرمىدىم. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى ئۇنچىۋالا ئىشەنچىلىك مەنبە ھېسابلىنىپ كەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە باھالاشلار مەۋجۇت. بۇلاردىن باشقا مەنبەلەر، بولۇپمۇ كۈندىلىك خاتىرىلەر، شۇنىڭدەك ھېچ بىر ئەسلى نېمىسچە ئارگىنالى تېپىلمىغان، كېيىنكى ئايلارنىڭ “دەستىخان ئۈستىدىكى سۆھبەتلەر” دېيىلگەن سۆھبەت خاتىرىلىرىدىن پايدىلىنىشتىمۇ بىراقلا ئىشىنىپ كېتىش ئورنىغا ئالاھىدە ئېھتىياتلىق پوزىتسىيەدە بولدۇم. ھىتلېرنىڭ تۇغما ئاغزى چىڭلىق ئالاھىدىلىكى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىكى سەل قاراش مىجەزى، رەسمى مەمورىيەت تۈسىنى ئالمىغان ئەركىن مۇئامىلىلىك بولىشى، كىشىلەر تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن ماختاش ۋە ئۆچمەنلىك ھېسسىياتلىرىنىڭ بەكلا چېكىدىن ئېشىپ كېتىشى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەسلىمە كىتاپلىرىدا شەكىللەنگەن ئېغىر بۇرمىلاشلار بىلەن بىر قاتاردا، ئۇنى مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشلىرى، شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ مىجەزىدىن كېلىۋاتقان غەيۋەت-شىكايەت قىلىش ماھارىتىدىن كېلىدىغان يۇمۇر-چاخچاقلار، … يوقۇرقىدەكلەرنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە كېلىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرغا چىققان ئەھۋال مۇنداق ئىدى: ئۈچۈنچى ئىمپىرىيە ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىن بۈگۈنگىچە سەلدەك ئېقىپ كەلگەن تاغدەك ھۈججەت دۆۋىلىرى ئارىسىدا نېمىس مۇستەبىتىنىڭ ھاياتىنى قايتىدىن تەسۋىرلەپ بېرىشكە لازىملىق مەنبەلەر نۇرغۇن جەھەتلەردە پەۋقۇلئاددە كاملىق قىلىپ كەلمەكتە. ھىتلېرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان دۈشمىنى چېرچىل ئۈستىدە، ھەتتا ستالىن ھەققىدە گەپ بولغىنىدىنمۇ بەكىرەك چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
ھىتلېر بىلەن ناتسىسىزم، قىلچە ھەيرانلىق پەيدا قىلالمىغىدەك تۈردە ھەم نېمىس خەلقى نوقتىسىدا، ھەمدە ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ھالدا بولۇشى بىلەن بىرگە تۈزۈمنىڭ مىليونلىغان قۇربانلىرى نوقتىسىدىن پۈتمەس-تۈگىمەس يارا ئىزى مەنبەسى ھالىغا كەلگەن ئىدى. بۇ مىراسنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن قىسمى بولسا، ھىتلېرنىڭ قانداقلارچە ئوتتۇرغا چىقالىشىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تەتقىقات يۈرگۈزۈش ۋەزىپىسىدىن ئىبارەتتۇر. كەلگۈسىگە قارىتا بىلىملەرنى پەقەت تارىخ بىلىمى ۋاستىسى ئارقىلىقلا قولغا كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن. بۇ نوقتىدىن ئالغاندا، تارىخنىڭ ھەر قانداق بىر دەۋرى ئادولف ھىتلېر ھۈكۈمۈرانلىق قىلغان دەۋردىنمۇ ئارتۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بولالمايدۇ.
— ئىئان كېرشاۋ
1998-يىلى ئاپرېل \ مانچېستېر — شېففيېلد
ھىتلېرنى قانداق تونۇش كېرەك؟
—ئاپتور كېرشاۋنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇشقا بەرگەن مەسلىھەتى
“سالاھىيىتىگە تايىنىپ باشقۇرۇش دېگەن ئۇقۇم، ئۇزۇنغىچە قوبۇل قىلىنماي مازاق قىلىپ كېلىنگەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، يىلتىزىنىڭ بەكلا چوڭقۇرلاردا بولىشى، مۇۋاپىق پسىخولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائى شەرتلىرى شەكىللەنگىنىدە ئىنتايىن كۈچلۈك قوزغىتىش رولىغا ئىگە بولىدىغانلىقى ھەممىگە ئايدىڭ. بىرەر داھىنىڭ سالاھىيەت كۈچى ھەرگىزمۇ بىر خىيالىي نەرسە ئەمەس. مىليونلارچە ئادەم ئىشىنىپ كېلىۋاتقان نەرسىدىن ھېچكىم گۇمان قىلالمايدۇ.”
— فرانز نېئۇمان — 1942
بۇ ئەسىر، راستىنلا ‘ھىتلېر ئەسىرى’ بولغانمىدى؟ دەرۋەقە، بۇ ئەسىرگە ئادولف ھىتلېرنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرى بېسىلغانلىقىدا قىلچە شۆبھە يوق (ئاپتور بۇ يەردە 20-ئەسىرنى كۆزدە تۇتۇلماقتا — ئۇ. ت). بۇ ئەسىردە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدىغان كىشىلەردىن يەنە مۇسسولىن، ستالىن ۋە ماۋ زەيدوڭ قاتارىدىكىلەرمۇ ئىشغالىيەت ئۇرۇشلىرىنى قوزغاپ باققان، ئىنسانلارنى قوللارچە باش ئەگدۈرۈپ يۈرگەن، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايى ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ باققان، شۇ ئارقىلىق يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ خاراكتېرىگە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كېتىشكەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئادولف ھىتلېرنىڭ ھاكىمىيىتى ئىشقا ئاشۇرالىغاندەك ئۆز دۆلىتىنىڭ سىرتىدا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ زېھنىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋىتەلىگىدەك تەسىر پەيدا قىلالىغان ئەمەس. “چېكىدىن ئاشقان دەۋر” ھېسابلانغان بۇ ئەسىردە يەنە ئىجابى روللارنى ئوينىغان، ئىنسانىيەت ئۈچۈن، كەلگۈسى دۇنيا ئۈچۈن ئىنسانلىق ئۈلگىسى تىكلەپ بەرگەن داھىلارمۇ ئوتتۇرغا چىققان. روزېۋېلت، چېرچىل، كېنېدى ۋە تېخى يېقىنقى دەۋرلەردە ياشىغان ماندېلا، ئەنە شۇنداق ئادەملەر تىزىملىكىدىكى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان كىشىلەردىن ئىدى. ئەمما ھىتلېر بۇ ئەسىرگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن چوڭقۇر ئىز قالدۇرۇپ كەتتى.
ھىتلېر مۇستەبىتلىكىنىڭ مۇھىم ئورنىنى يىگىرمىنچى ئەسىر ئۈچۈن قاتارغا تىزىشقا توغرا كەلسە، ستالىن ياكى ماۋ زەيدوڭنىڭ مۇستەبىتلىكىدىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. ھىتلېرنىڭ مۇستەبىتلىكى بەكلا كۆپ ئىشلارغا، چېكىدىن ئاشقان بەكلا كۆپ ساھە ۋە ئۇقۇملارغا چېتىلماقتا. مەسىلەن: زامانىۋىي بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئوتتۇرغا قويۇش، مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە دەھشەتلىك دۆلەت بېسىمى پەيدا قىلىش، خەلق ئاممىسىنى تېزگىنىدە تۇتۇش، ئۇلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تەشۋىقات قۇراللىرىدىن پايدىلىنىش جەھەتلەردە بۇرۇن زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالالىشى، خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان كۆزقاراشلار، چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىكنىڭ قورقۇنۇشلۇق خەۋىپى، ئىرقى ئۈستۈلۈك ئەقىدىلىرىنىڭ تەڭداشسىز ۋەيران قىلىش كۈچى، زامانىۋى تېخنىكىنىڭ، “ئىجتىمائى تەشكىلات” لارنىڭ سۈيىئىستىمال قىلىنىش جەھەتلەردە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپلا قالماي، ئىرقچىلىقنىڭ قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋەتلىرىنى پەيدا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ تىپىك ئۈلگە ھالىغا كەلگەن ئىدى.
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغىنىمىزدىمۇ، ھىتلېرنىڭ مۇستەبىتچىلىكى ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ئاگاھلاندۇرۇش ئىشارىتىنىمۇ بەرگەن ئىدى. بۇ ئاگاھلاندۇرۇش مۇنۇلارغا ئىشارەت بەرمەكتە: زامانىۋىلاشقان، تەرەققى قىلغان ھەمدە مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەتنىڭمۇ تېز سۈرئەت بىلەن قالاقلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالالايدىغانلىقىنى، ئىدىئولوگىيىلىك كۈرەشنىڭمۇ چېكىدىن ئاشقان نوقتىلارغا يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى، ئەقىلغىمۇ كەلتۈرۈشكە بولمايدىغان رەھىمسىزلەرچە، ئاچكۆزلۈك بىلەن ئىشغالىيەتچىلىكنى پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى، دۇنيادا بۇرۇن زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىرقى قىرغىنچىلىقلارنىڭ پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىمۇ بىزگە كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭدەك يەنە ھىتلېر مۇستەبىتچىلىك ئارقىلىق زامانىۋى جەمئىيەتنىمۇ يىمىرىپ تاشلاشقا بولىدىغانلىقىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەردى؛ ئۇنى زامانىۋى جەمئىيەت ئىچىدە پارتلىغان بىر خىل ئۆزگىچە ئاتوم بومبىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. يەنى ئۇ بىزگە بۇ دەۋردە يەنە نېمىلەرنىڭ بېشىمىزغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
شۇنىڭغا قارىماي، يەنە نۇرغۇنلىغان مۇھىم مەسىلىلەر تېخىچە يېشىلمەي سىر ھالىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئالايلۇق، بۇ ئاپەتنىڭ پەيدا بولىشى جەريانىدا گېرمانىيىگە خاس قانداق ئەۋزەللىكلەر بار ئىدى؟ ئۇ دەۋرگە، ئۇ چاغلارغا خاس قانداق ئۆزگىچىلىك بار ئىدى؟ ياۋرروپادا يۈز بەرگەن ئومۇمى بوھران ۋەزىيىتىنىڭ بۇ ئىشلاردا قانچىلىك رولى بولدى؟ زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى، بۇ ئالاھىدىلىكنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن نەرسە نېمە؟ بەلكىم بۇنداق بىر پوتىنسىيال كۈچ ھازىرمۇ يەر ئاستىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان بولىشى، بەلكىم كېيىنكى ئەسىرىمىزدە بۇنداق پوتىنسىيال كۈچ يەنە قايتىدىن جانلىنىپ ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىنمىدۇ؟
ھىتلېرنىڭ ئون ئىككى يىللىق ھۆكۈمۈرانلىقى گېرمانىيىنى، ياۋروپانى ۋە شۇنىڭدەك دۇنيانى مەڭگۈگە ئۆزگەرتىۋەتتى. ھىتلېرنى مۇنداق دەپ قەتئى كېسىپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدىغان بىر قانچە ئادەمدىن بىرسى دېيىش مۇمكىن: ئەگەر ھىتلېر بولمىسا ئىدى، دەۋرىمىز بۈگۈنكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر تۈستە شەكىللەنگەن بولاتتى. ھىتلېرنىڭ ۋاستىلىق مىراسى ھېسابلىنىدىغان ئىدىيىۋى سەپ بويىچە يۈز بەرگەن سوغۇق ئۇرۇش _ تاملار بىلەن بۆلۈنگەن گېرمانىيە، ئىدىيىۋىي تۆمۈر پەردە بىلەن بۆلۈنگەن بىر ياۋروپا، پلانىتىمىزنى پۈتۈنلەي توزلىۋىتەلىگىدەك قۇراللار بىلەن قۇراللانغان، بىر-بىرسىگە دۈشمەن دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلەر ئوتتۇرسىدا بۆلۈنگەن بىر دۇنيا — تېخى يېقىنقى ئون يىل ئالدىلا ئاخىرلاشتى. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇنىڭمۇ چوڭقۇرلىرىغا كۆمۈلگەن مىراسلار — كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇلغان ئەخلاقى يارىلار _ تا بۈگۈنگىچە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
بىر مەنىدىن ئالغاندا ھىتلېرنىڭ ئىسمى ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان بۇ ئەسىر ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى ئاساسەن ئالغاندا ئۇرۇشلاردىن، ئىرقى قىرغىنچىلىقلاردىن، يەنى ھىتلېرگە خاس بۇ تۈر ئالاھىدىلىكلەردىن ئالدى دېيىش مۇمكىن. شۇ سەۋەپتىن، بۇ ئەسىر ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغىنىدا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە دىققەت بىلەن، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىشلەنگەن ئىلمى تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھىتلېرنى ياراتقان، ئۇنى سىموۋۇللاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئىشارىتى ھالىغا كەلگەن ياۋايىلىقنى شەكىللەندۈرۈپ بەرگەن كۈچلەرنى قايتىدىن باھالاپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ھىتلېرنى پەيدا قىلغان زامانىۋىي، مەدەنىيەتلىك، تېخنىكا جەھەتلەردە تەرەققى قىلغان، شۇنىڭدەك ئالاھىدە مۇكەممەل مەمورى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئىگە بىر دۆلەتتە، ئۇنىڭ خەلقى ئىچىدە، _ ئەسلىدە دەل ئەنە شۇنداق بىر جەمئىيەتتىلا ھىتلېردەك بىرسىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولىشى مۇمكىن — ئۇ يەردە زادى نېمە ئىشلار بولغان ئىدى؟ ھىتلېر ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققان دەسلەپكى بىر قانچە يىللاردا ياۋروپانىڭ كىندىكىدىكى بۇ غايىۋى دۆلەت، كېيىن قىيامەت كەبى ئىرقى قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنى ئوتتۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدى؛ دەل بۇ ئۇرۇش ياۋروپانى، گېرمانىيىنى تۆمۈر پەردە بىلەن بۆلىۋېتىش بىلەنلا قالماي، ئۇ يەرلەر ماددىي جەھەتتىمۇ پۈتۈنلەي خارابە ھالغا كەلتۈرىۋېتلدى؛ ئەخلاقى جەھەتتىمۇ ۋەيرانە ھالغا كەلتۈرىۋېتىلدى. بۇ ھادىسىلەر تا بۈگۈنگىچە ئېنىق ئىزاھلىنىشقا ئېرىشەلمەي كەلمەكتە. مىللى گۈللىنىش، ئىرقىنى تازىلاش قاتارىدىكى ئىدىئولوگىيىلىك بىر غايە ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان بىر داھى ئەتراپىغا يىغىلىش؛ داھىسىغا، بۇ داھىسى قولغا كەلتۈرىمەن دەپ تىرىشىۋاتقان نەرسىلەر ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكىدەك دەرىجىدە ئۇ داھىسىغا ئىشەنگەن بىر جەمئىيەت؛ شۇنىڭدەك ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان بۇنداق غايىگە ھەۋەس قىلىشقان، يەنە كېلىپ بۇ غايە ئۈچۈن سىياسەت پىلانلاپ ئىجرا قىلىشىپ بەرگەن ئىنتايىن قابىلىيەتلىك، ماھارەتلىك مەمورىي باشقۇرۇش سىستېمىسى؛ مانا بۇ ئامىللار بۇ تەتقىقاتىمىز ئۈچۈن بىزگە بىر باشلىنىش نۇقتىسىنى سۇنماقتا. بۇ جەمئىيەت ھىتلېر تەرىپىدىن نېمە ئۈچۈن، قانداقلارچە شۇنچە ھاياجانلاندۇرۇلغان ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەپسىلى تەتقىق قىلىپ چىقىش ھەقىقەتەنمۇ زۆرۈر.
گېرمانىيە بىلەن ياۋروپانىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئاپەتنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، 1933-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا گېرمانىيىنى باشقۇرۇپ كەلگەن، ئاڭلىغان ئادەمنىڭ بەدەنلىرىنى شۈركۈندۈرىۋەتكىدەك ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان پەلسەپەسىنى، گېرمانىيە ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى بولۇشتىن ئاۋال بىر ھېسابتا خەلق ئاممىسىغا ئاشكارە تۈردە سەككىز يىل ئېلان سەنئەت (رېكلام) قىلىپ كەلگەن ئادولف ھىتلېردىن ھالقىپ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلەرگىچە تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمىدۇ؟ ئەمما، ھىتلېر تېزگىنلەپ كېلىۋاتقان سىياسى تۈزۈم ئاستىدا بارلىققا كەلگەن بارلىق ئىشلارنى ئەخلاقى جەھەتتە مەسئولىيەتنى پۈتۈنلەي ھىتلېرنىڭ ئۈستىگىلا ئارتىپ قويۇشتەك شەخسى مەسىلە دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشنى، پاكىتلارنىڭ ھەر قايسى ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىشىغا كۆز يۇمۇشقا ئۇرۇنغانلىق، دېيىش كېرەك. كارل ماركسنىڭ “ئادەم ئۆز تارىخىنى ئۆزى يارىتىدۇ، ئەمما … مىراس ئېلىنغان، ئالدىنقىلاردىن ئۆتكۈزىۋېلىنغان شەرت ئاستىدا” دېگەن ھۆكۈمىگە ھىتلېرنى تىپىك بىر مىسال قىلىپ ئېلىشىمىز مۇمكىن. “مىراس ئېلىنغان، ئالدىنقىلاردىن تاپشۇرىۋېلىنغان شەرت ئاستىدا”، — ھەرقانچە ئىشەنچىلىك بولغان تەغدىردىمۇ، — ھەر قانداق بىر شەخسىنىڭ تېزگىنىدىن تاشقىرىسىدا روي بەرگەن شەخسىگە ئائىت بولمىغان جەريانلار، گېرمانىيىنىڭ تەغدىرىنى قانچىلىك دەرىجىدە بەلگىيەلىشى مۇمكىن؟ بۇ ۋەقەنى تارىخى بىرەر ئاپەت دېيىش ئۈچۈن قانچىلىك ئاساسلىرىمىز بار؟ ئۇ دەۋرلەردە گېرمانىيەنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى بىر ئادەمنىڭ تۈرتكىلىك رولى بىلەن ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى نەگە قويۇش كېرەك؟ مانا بۇنىڭدەك مەسىلىلەر تولۇق تەتقىق قىلىنىشى زۆرۈر بولۇپ ئالدىمىزدا تۇرماقتا. بۇ تۈردىكى مەسىلىلەر قولىڭىزدىكى بۇ تەتقىقات ماتېرىيالىدا ئاددى جاۋاپلار بىلەن ئۆتكۈزىۋېتىلمەي، ۋەقەلەرنىڭ دېتاللىرى بويىچە تەپسىلى تەتقىق قىلىندى.
بۇنداق بىر تەتقىقات ئىشىغا كىرىشىش ئۈچۈن، ئەلىۋەتتىكى ھىتلېر بىئوگرافىيىسىنى يېزىپ چىقىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە دەپ قاراشقا بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇنداق بىر ئىش، ئىچىدە _ ۋەھشى يولۋاسلارنىڭ بولغىنىدەك — يوشۇرۇن ۋەھىمىلىك بىر كۈچنىمۇ بىرگە ئېلىپ يۈرگەن بولىشى كېرەك. كېيىنكى بۆلۈملەردە بۇنداق بىر كۈچنىڭ بارلىقىنىمۇ كۆرۈپ ئالالىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. بىئوگرافىك شەكىل ئالىدىغان تۈزۈلمىدە كۆرۈلىدىغان بىر خەۋىپ، مەسىلىلەرگە بەلگىلىك بىر ئارىلىق قالدۇرۇپ جىددىي مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى بولۇپ، بۇنداق مۇئامىلە يەنە كېلىپ ھىتلېرغا بولغان يوشۇرۇن قىزىقىشنى، ئۇنىڭغا ھەۋەسلىنىشنىمۇ بەكلا ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ كىتاپنى ئوقۇغىنىڭىزدا بۇنداق بىر ئېھتىماللىقتىن ئىمكان بار يىراق تۇرۇشقا تىرىشىچانلىق كۆرسىتىشتىمۇ ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىنغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارمىغايسىز. بەلكىم بۇ يەردە ئەسلى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن يىرگىنىش ئادىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدىغانلىقى بولۇپ، بۇنداق سەسكىنىش ئەھۋالى مەسىلىلەرنى چۈشۈنىشىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ بىر توسالغۇ پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن.
بىئوگرافىيە، چىگىش تارىخى جەريانلارنى ھەددىدىن ئارتۇق كىشىلەشتۈرۈپ، شەكىللەندۈرگەن ۋە بەلگىلەنگەن ۋەقەلەردە شەخسىنىڭ رولىنى ھەددىدىن ئارتۇق گەۋدىلەندۈرۈش، بۇ پائالىيەتلەر يۈز بەرگەن ئىجتىمائى ۋە سىياسى شارائىتلارغا سەل قاراش ياكى بۇ شارائىتلارنى تولۇق باھالىماسلىقتەك يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنداق قاپقانلارغا چۈشۈپ كەتمەسلىك ئويى، بۇ بىئوگرافىيەنى يېزىش ئىشىنى ئۈستۈمگە ئېلىشىمدا مۇھىم رول ئوينىدى. مېنى، ھىتلېرغا قارىتا يېڭىچە باھادا بولۇشقا مەجبۇرلىغان نەرسىمۇ ئەسلىدە شۇ ئىدى.
شۇنداق بولغاچقا، بۇ كىتاپنى يېزىشقا تۇتۇش قىلىشىم ھەقىقەتەنمۇ خەتەرلىك بىر تەۋەككۈلچىلىك ئىدى! بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويغاندىمۇ، ھىتلېرگە ۋە ئۈچىنچى ئىمپىرىيىگە مۇناسىۋەتلىك يازما ھۈججەتلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ بولۇپ، ئىشلەنگەن تەتقىقاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەقىقەتەنمۇ يوقۇرى سەۋىيىلىك دېيىشكە بولىدىغان تەتقىقاتلاردىن ئىدى. تەخمىنەن ئون بەش يىل بۇرۇن نەشرى قىلىنغان مۇھىم بىر تەتقىقات، 1500 دىن ئارتۇق تېما بويىچە يېزىلغان ئىدى. ھەر تۈرلۈك باھلارنى بىر-بىرسى بىلەن ماس كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان يېقىنقى دەۋرلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار بولسا، ھىتلېرغا مۇناسىۋەتلىك 120 مىڭ تەتقىقات تېمىسى بارلىقىنى تىلغا ئالماقتا. ئەھۋال راستىنلا شۇنداق بولغان تەغدىردىمۇ، ناتسىستلار داھىسىنىڭ تولۇق، ئەستايىدىل ۋە ئىلمى قاراش ئاساسىدا يېزىلغان بىئوگرافىيىلىرىنىڭ سانىنى يەنىلا كۆپ دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىكى مۇلاھىزىلەرمۇ مۆلچەرلەنگەندىنمۇ كۆپ خىللىق بولۇپ ئوتتۇرغا چىقماقتا.
ھىتلېر، تۇنجى قېتىم خەلقنىڭ قىزىقىش نوقتىسىغا ئايلىنىۋاتقان 1920-يىللاردىن بۇيان، دائىم دېگىدەك بىر-بىرسىگە زىت كېلىدىغان بەكلا پەرقلىق ۋە كۆپ خىل شەكىللەردە باھالار ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىدى. بۇنداق باھالاردىن بىر قانچە تۈرى تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: “ئۆز كۈچىنى، ئۆزىنى مىللىتى بىلەن بىر گەۋدە دەپ تونۇتۇپ كەلگەن، مىللىتىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىشتىن باشقا ھېچ قانداق بىر ئويى بولمىغان بىر ئادەم”، “ئىرق تەلىماتى بىلەن ئۆزىنى بىزەپ كۆرسەتكەن، ھۆكۈمۈرانلىق قىلىش” تىن باشقا غېمى يوق بىرسى، “ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەن بىر بۇزغۇنچى”. بۇ باھالارغا تۈپتىن زىت بولغان يەنە بىر باھا، “ئالدىن پىلانلانغان ۋە ئالدىن بېكىتىلگەن ئىدىئولوگىيىلىك پروگراممىنى ئەسەبىلەرچە ئىجرا قىلغان بىرسى” دېيىلگەن باھانىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. ھىتلېرنى بىر تۈرلۈك سىياسى ئالدامچى دەپ قاراشقا ئۇرۇنۇشلارمۇ كۆرۈلمەكتە. نېمىس خەلقىنى گىپنوز (ھىپنوز) قىلىپ سىھىرلىۋالغان، قالايماقانچىلىققا ۋە خاتا يوللارغا يېتەكلىگەن، ياكى بولمىسا نېمىس خەلقىنىڭ كۆڭلىگە “شەيتان كىرگۈزىۋەتكەن” دەيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. بۇ تۈردىكى قاراشلار ھىتلېرنى گېرمانىيىنىڭ تەغدىرىنى سىھىرلىك ۋە چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان بىر گەۋدە ھالىغا كەلتۈرىۋېتىشتى. ھىتلېرنىڭ بىناكارلىق ئېنجىنېرى بولغان، كېيىن ئارمىيە قۇرال-ياراق، ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەش مىنىستىرى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن، ئۈچىنچى ئىمپىرىيەنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقىتلىرىدا مۇستەبىتى بىلەن ئالاھىدە يېقىن ئۆتكەن ئالبېرت سپېر، ئۇرۇش ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ھىتلېرنى “ئۇ بىر شەيتان”، “ئۇنىڭ كىشىلىكى مىللەتنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلىگەن”، “ئىنسانىيەت ئىچىدىن بەكلا كام ئوتتۇرغا چىقىدىغان، چۈشەندۈرۈش بەكلا قىيىن تارىخى كىشىلىكتىن بىرى” دەپ باھالايدۇ. بۇنداق قاراش، ياۋروپا بىلەن گېرمانىيە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئېغىر بالا-قازالارنى شەيتانى شەخسى خاراكتېرلارنىڭ خالىغىنىچە ھەرىكەت قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دېگەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ باھالاپ، گېرمانىيىدە 1933~1945-يىللار ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، ئەمەلىيەتتە ئىشنى بۇرمىلاش خەۋىپىنى مەيدانغا كەلتۈرىشى مۇمكىن. بۇنداق باھالاشلار بالا-قازانىڭ يۈز بېرىشىنى پەۋقۇلئاددە بىر كىشىلىكنىڭ پائالىيەتلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دېيىشنىلا كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن. بۇنداق قارالغىنىدا، چىگىش ھادىسىلەر ھىتلېرنىڭ ئارزۇسىنىڭ سىرتقا تېپىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دېگەن خۇلاسىنىلا كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بىر دۆلەت ئىدىيىسىنىڭ بىر پارچىسىى بولۇپ تۇرغان مۇددەت ئىچىدە چۈشەندۈرۈلۈشكە بولىدىغان ۋە بۇ ئىدىيىنى ساقلاپ كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقى لاگىرىنىڭ يىمىرىلىشى ھامان بۇنداق ئەقىدە بىراقلا يوقۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي زىت بولغان باشقا بىر قاراشنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى، شەخسىنىڭ مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنى تۇلا بەك باش قاتۇرۇش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلدۇرمايلا بىراقلا چۆرۈپ تاشلاتقۇزىۋەتتى. ھىتلېرنى كاپىتالىزمنىڭ بىر جاسۇسى سەۋىيىسىگە چۈشۈرۈپ قويىدىغان بۇنداق قاراشقا نىسبەتەن ئالغاندا، ھىتلېر، دەبدەبىلىك ئىشلارنىڭ ۋە بۇ ئىشلارنىڭ بېشىدا تۇرىۋاتقانلارنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋاستىچىلىقى ئارقىلىقلا يېشىلىدىغان بىر شىفىر ھالىغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. ھىتلېرنى تېزگىنلەپ تۇرىۋاتقانلار، بۇ قونچاقنىڭ يىپىنى خالىغان شەكىلدە تارتىپ ئوينىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر دەل ئەنە شۇ خىل كىشىلەر ئىدى، دېيىشكەن ئىدى.
ھىتلېر ھەققىدە توختالغان بەزى ئەسەرلەر ئاساسەن ئالغاندا مەسئولىيەت غېمىدا قالمىغان، ياكى بولمىسا، بۇنداق بىر مەسىلە ئوتتۇرغا چىققىدەك بولغىنىدا، بۇنداق مەسىلىگە پەقەتلا ئەھمىيەت بەرمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھىتلېرنى مازاق قىلىپ، ئۇنى قىزىقارلىق ھالغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشمۇ ھىتلېرغا قارىتا بىر تۈرلۈك مۇئامىلە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى ئاددى ھالدا “ئېلىشىپ قالغان” ياكى “ئاغزىغا كەلگىنىچە ئوڭ-تەتۈر بىر نېمىلەر دەيدىغان بىر ساراڭ” دەپ باھالاشنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىشنى چەكلەيدىغان بىر مۇئامىلە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇنداق قاراشلارنىڭ ئۆزىلا يەنە بىر سۇئالنى تۇغدۇرغان بولىدۇ: “كومپلېكىس (چۈشىنىكسىز، مۇرەككەپ روھى ھالەت، تىرىككەك خاراكتېرىدىكى بىر خىل پسىخولوگىيىلىك نورىمالسىزلىق ھالەت — ئۇ. ت) ھالغا كەلگەن بىر جەمئىيەت، ئەقلىدىن ئېزىپ قالغان بىرسىنىڭ، ‘پاتولوگىيىلىك’ بىر كېسەللىك ئالامىتى بولغان بىرسىنىڭ كەينىگە كىرىپ چېكى يوق ھاڭغا پېتىپ قېلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار ئىدى؟”
چېكىدىن ئاشقان سۇنئى مۇئامىلىدە بولۇش، ھىتلېرنىڭ ئەمەلىيەتتىكى “ئۈچىنچى ئىمپىرىيە ھۈكمدارى” مۇ ياكى “ئاجىز مۇستەبىت” مۇ دەيدىغان نۇقتىلاردا بىر-بىرسىگە زىت كېلىپ قالىدۇ. ھىتلېر ئەمەلىيەتتە ئومۇمىي يۈزلۈك، چەكلىمىسىز ۋە مۇتلەق بىر ھاكىمىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغانمۇ ياكى ئىجتىمائىي تۈزۈمنى رەت قىلىش مۇمكىن بولمىغان ئورتاق ۋە ئۇنى ئاساس قىلغان ئەقىدە سەۋەپلىك ھىتلېرنىڭ ئىلكىدە بولغان ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشلىرى _ خۇددى كۆپ باشلىق ھەجدەرھاغا ئوخشاش — “كۆپ باشلىق باشقۇرۇش شەكلى” گە ئاسالانغانمىدى؟ ئەگەر بىز ئۇنىڭ ھاكىمىيەت شەكلىنى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئايرىلماس تايىنىش نوقتىسى سۈپىتىدە بۇنداق بىر باشقۇرۇش شەكلىنى قوللانغان دەپ قوبۇل قىلغىنىمىزدا، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغىنى پىلانسىز-پروگراممىسىز بولسىمۇ ئالدىغا كەلگەن پۇرسەتلەردىن ئاخىرغىچە پايدىلانغان، ھىتلېرنىڭ ئۆزى بولسا دائىم بىر تەشۋىقاتچى بولۇشتىن باشقا بىر تۈسكە ئىگە بولالمىغان بولاتتى.
ھىتلېرغا مۇناسىۋەتلىك بىر-بىرسىگە ئوخشىمايدىغان باھالاشلار، سىرلىق ئىلمى تالاش-تارتىشلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئەمەس. بۇنداق ئوخشىمايدىغان باھالاشلار بۇنىڭدىنمۇ كەڭ دائىرىلىك ئاساسلارنى، تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ئىشارەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. ھىتلېرنى ستالىن ياكى لېنىننىڭ بىر تۈرلۈك تەتۈر نۇسخىسى دەپ قاراش، ئۇنى بولشېۋىك تېررورىدىن ۋە سىنىپى قىرغىنچىلىقتىن تەلۋىلەرچە قورققانلىقى سەۋەبىدىن ئىرقى قىرغىنچىلىق بىلەن شوغۇللانغان بىر داھى سۈپىتىدە بالاشلارنىڭ تەسىرىمۇ ھەممىگە مەلۇم. ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ ئەسكى ئادەم ئىدى. بۇنىڭدىن ھېچ كىم گۇمان قىلمايدۇ. ئەمما ستالىن ئۇنىڭدىنمۇ بەكىرەك ئەسكى بىرسى ئىدى. چۇنكى، ستالىننىڭ ئەسكىلىكى ئىچىدىن قاينىغان نەق ئەسكىلىكنىڭ ئۆزى بولسا، ھىتلېرنىڭ ئەسكىلىكى كۆچۈرۈلمە ئەسكىلىك ئىدى. ناتسىستلار ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى سىنىپى قىرغىنچىلىقنى دورىغانلىقى ئىدى. ئاپارات ئوبېكتىۋىنى ھىتلېرنىڭ ئاخىرقى مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغان ئىنسانىيەت ئۈستىدە ئىشلىگەن جىنايەتلىرىدىن بۇراپ، ئۇنى گېرمانىيە جەمىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك كۆزقاراشلىرىغا مەركەزلەشتۈرىدىغان بولساق، بۇنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر سەۋەپ ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. يەنە شۇ ھىتلېر، ئىجتىمائى پائالىيەتچانلىقى بىلەن، ئىشچىلارغا تېخىمۇ ياخشى تۇرالغۇ مۇھىتى يارىتىش بىلەن بىر قاتاردا سانائەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئىجتىمائى پاراۋانلىق سىستېمىنى بەرپا قىلىپ چىقىش، بۇرۇندىن قالغان پەرقلەندۈرۈپ قاراشلارنى يوقۇتۇشلار بىلەنمۇ شوغۇللانغان ئىدى. يەنى قىسقىچە ئېيتقاندا، ھەر قانچە رەھىمسىز ئۇسۇللاردىن پايدىلانغان بولسىمۇ، تېخىمۇ ياخشى، دەۋرگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان، سىنىپى تەسىرلەردىن ئىمكان بار يىراق تۇرىدىغان بىر نېمىس جەمىيىتى قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدى. يەنە شۇ ھىتلېر، يەھۇدىيلارنى بىر شەيتان دەپ ئېلان قىلغىنىغا، بۇ جەھەتتە بەكلا چوڭ دو تىكىش بىلەن دۇنياۋى كۈچ ھالىغا كېلىش ئۈچۈن قىمار ئوينىغان بولىشىغا قارىماي، “پىكىر ۋە ھەرىكەتلىرى بۈگۈنگىچە بولغان پىكىر قىلىشلاردىن تېخىمۇ ئەمەلىيەتچان بىر سىياسىيون” ئىدى. بۇنداق بىر غايە ئۈچۈن ئۆزىگە نىسبەتەن يامان غەرەزلىك ئەمما نېمىس جەمىيىتى ئۈچۈن ياخشى نىيەتلىك، ھېچ بولمىغاندا پايدىلىق دەپ باھالاش ئىمكانىيىتى بار نىيەتلەرگە ئىگە بىرسى قاتارىدا كۆرۈنۈشى مۇمكىن ئىدى.
قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈلۈپ تۈزىتىلگەن بۇنداق بىر باھالاشلاردا بولۇشتىكى مەقسەد، ھىتلېرنى ئاقلاشنى مەقسەت قىلىش ئەمەس ئىدى. ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى ئوتتۇرسىدىكى دەۋردە، ياۋروپادىكى ئىدىيولوگىيىلىك توقۇنۇشلارنىڭ قورقۇنۇشلۇق ۋەھشىيانىلىكىگە ۋە نېمىس مىللى قىرغىنچىلىقىغا تۈرتكە بولۇپ بەرگەن كۈچلەرگە ھەر قانچە بۇرمىلانغان قاراش ھېسابلانغان تەغدىردىمۇ بۇنى ئايدىڭلىتىپ بېرىش ئۈچۈن ناتسىستلارنىڭ، ستالىنچىلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىگەن جىنايەتلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلىش ئىدى. ھىتلېرنى بىر ئىجتىمائى ئىنقىلاپچى دەپ باھالاش ئارقىلىق ئاشىكارە ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان — تەبىكى خاتا چۈشىنىلگەنلىكى ئېھتىمال بولغان — نەرسە، بىر ئىجتىمائىي بوھران دەۋرىدە گېرمانىيىدە بۇنداق كەڭ كۆلەملىك ھىمايىگە ئېرىشەلىگەنلىكىنىڭ بىر سەۋەبى ھېسابلىناتتى. بۇنداق ئىككى خىل قاراشنىڭ، ھەر قانچە خالىماسلىقىمىزغا قارىماي، ھىتلېرنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئېھتىمالىنى يۇشۇرۇن بولسىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. بۇنداق بىر ھەققىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى نەتىجىسىدە، ھىتلېر ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان شۇنىڭدەك ئۇنىڭ نامىدا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان جىنايەتلەرگە قارىماستىن، يەنىلا 20-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ داھىلىرىنىڭ بىرى دېيىش مۇمكىن؛ ئەگەر ئۇ، ئۇرۇشتىن بۇرۇن ئۆلگەن بولسا ئىدى، نېمىس قەھرىمانلىرى تىزىملىكى ئىچىدە ئەڭ يوقۇرىدىكى قاتارلارغا ئېرىشەلىگىدەك بىرسى بولۇپ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
“تارىخىي ئۇلۇغلۇق” مەسىلىسى، ئادەت بولۇپ كەتكەن بىئوگرافىيە ئەسەرلىرىدە ئادەتتە يېپىق، يۇشۇرۇن بىر شەكىلدە ئىپادىلەنگەن بولىدۇ. بولۇپمۇ نېمىس ئادەتلىرى بويىچە ئالغاندا بۇنداق يېپىق ئىپادىلىنىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىدى. سىياسىي باش تاج ھالقىسىدىن ۋە تەسىرلىرىدىن ئايرىپ قارىغىنىمىزدا، شەخسى ئالاھىدىلىكلىرى ئېسىل نەسەبلىك، ئۇلۇغلىنىدىغان ياكى بايىۋەتچىلىكتىن كەلگەن ھېسابلانمايدىغان ھىتلېر رولى، بۇنداق بىر ئەنئەنىلەر ئۈچۈن روشەن مەسىلە پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. ئەمما داڭلىق بولۇشنىڭ باشقىچە بىر يولىمۇ بار: داڭقلىق ئەسكى ئادەم تىپى رولىنى ئويناش. ئۇنىڭ خاراكتېرىدە ئېسىلزادىلىقنىڭ يوقلىقى، تارىخىي شەخسلەرنىڭ “داڭق” بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرغا چىققان باشقا ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولمىغانلىقىغا قارىماي، تارىختا _ ھەر قانچە ئاپەت پەيدا قىلۋەتكەن بولىشىدىن قەتئى نەزەر _ ئىنتايىن چوڭ تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما داڭقلىق ئەسكى ئادەم تىپىنى تىرادىگىيىلىك خىيال قىلىپ ئوخشىتىۋېلىش يولى بىلەنمۇ ئويلىنىشىمىزغا بولىدۇ _ قاتتىق تىرىشچانلىق، ھەيران قالارلىق تەرەققىياتلارنى ئۇيدۇرۇپ چىقارغان ئەمما بۇزۇلغان بولىدۇ؛ مىللى ھەشەمەتلەر مىللى ئاپەت ھالىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن بولىدۇ.
بەكلا كۆپ دەۋرداشلىرىنىڭ ھىتلېرگە نېمە ئۈچۈن “داڭلىق” كىشىلىك يۈكلەپ قويغانلىقىنى تەتقىق قىلىش ئورنىغا، بۇنداق “ئۇلۇغلۇق” تېمىسىدىن يىراق تۇرۇش تېخىمۇ ياخشى بىر يول بولۇپ كۆرۈنمەكتە. بۇنداق “ئۇلۇغلۇق” تېمىسى كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئاساسى نوقتىدىن باشقا تەرەپكە بۇرىۋېتىپ قالىدۇ: خاتا باھالاش، ھاجەتسىز، مۇناسىۋەتسىز ھەمدە ئالاھىدە ماختاش مەنىسىگە ئىگە بىر تېمىغا ئايلانغان بولىدۇ. خاتا باھالانغان دېگىنىمىزدە، “ئۇلۇغ ئادەم” نەزەرىيىسى تارىخىي جەريانلارنى ھەددىدىن تاشقىرى كىشىلىكلەشتۈرۈشتىن ساقلىنالمايدۇ؛ ھاجەتسىز دېگىنىمىزدە تارىخى ئۇلۇغلۇق چۈشەنچىسى بىھۇدىلىق بىلەن قابىلىيەتسىزلىك مۇراجەت قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى چارىسى ھېسابلانغان بولىدۇ. ئەخلاقى، ھەتتا ئىستېتىك ھۆكۈملەردىن قۇراشتۇرۇپ چىقىرىلغان بىر خاھىشتۇر؛ بۇ چۈشەنچە ھېچ بىر نەتىجىگە يېتەكلەپ بارالمايدىغان پەلسەپىلىك-ئېتىك بىر ئۇقۇمدىن باشقا نەرسە ئەمەس؛ مۇناسىۋەتسىز دېگىنىمىزدە، ھىتلېرنىڭ “داڭقلىق” دېيىلىشىگە مەيلى ئىجابىي مەيلى سەلىبى تەرەپتىن جاۋاب بەرگەن بولىشىمىزدىن قەتئىي نەزەر، ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنىڭ قورقۇنۇشلۇق تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچ قانداق بىر نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىگەن ھېسابلانمايمىز. ھەتتا دەل ئەكسىنچە ئۇنى مەدھىلەش ئېھتىمالىنى ساقلاپ قالغان بولىمىز. چۇنكى كاللىسىدا بىرەر مۇجمەللىك بولغىنىدىمۇ ھىتلېرغا ئۇنىڭ بارلىق خاتالىقلىرىغا قارىماي خالىماي تۇرۇپ بولسىمۇ ئۇنىڭغا بىر خىل ھەيرانلىق تۇيغۇسى بارلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. شۇنىڭدەك ھىتلېر ئۈستىدىن ئۇلۇغلۇق ئاختۇرۇش، ھىتلېر ھاكىمىيىتىنى بىۋاستە قوللاپ چىققانلار، ئىجتىمائى تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەن ۋاستىلار ۋە بۇ ئۇلۇغ ئادەمنى تەقلىت قىلىپ ئۇنىڭغا ئىگە بولىدىغان گېرمانىيە پۇخرالىرىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئاقىۋەتنى تەبىئىي ھالدا، ئىختىيارسىز ھالدا ئوتتۇرغا چىقارغان بولىدۇ.
دىققىتىمىزنى “تارىخىي ئۇلۇغلۇق” تېمىسىغا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان باشقا بىر مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرىشىمىز كېرەك. ئەقلى تەپەككۈر قابىلىيىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكى بەكلا يېتەرسىز، سىياسىي تۇرمۇشىدىن باشقا ھېچ قانداق بىر ئالاھىدىلىكى يوق، يېقىن دوستلىرى بىلەنمۇ يېقىن ئۆتەلمەيدىغان ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان، ھەقىقى دوستلۇق ئورنىتىش قابىلىيىتى بولمىغان، يوقۇرى دەرىجىلىك بىر ئورۇندا پەقەتلا بولۇپ باقمىغان، ئۈچىنچى ئىمپىرىيە باش مىنىستىرى بولۇشتىن بۇرۇن ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ھېچ بىر ئەمەلىي تەجرىبىسى بولمىغان بىرسىنىڭ، ئەنە شۇنداق بىر ئادەمنىڭ، شۇنچە زور تارىخىي تەسىر پەيدا قىلالىشى، پۈتۈن دۇنيانى تىنىق تارتالماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويالىشى قانداقلارچە مۇمكىن بولالىدى؟
بۇ سۇئال، مەلۇم جەھەتتە بولسىمۇ خاتا سورالغان بىر سۇئال بولىشىمۇ مۇمكىن. چۇنكى ھىتلېرنىڭ ئەقىلسىز ئەمەسلىكى، ھەممە ئىشنى قاتتىق زىغىرلاپ كېتىدىغان ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيىتىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن ئۆتكۈر زىھنىلىك بىرسى ئىكەنلىكىنى قورقماي ئېيتالىشىمىز مۇمكىن. ئادەتتە پەرەز قىلىشقا بولغىنىدەك، مەسىلىلەرنى بەك تېز چۈشىنىپ كېتەلىشى بىلەن پەقەتلا ئىش ئۈستىدىكى خوشامەتچىلەرنىلا ئەمەس بەلكى تەجرىبىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن دېپلوماتلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتەلىگەن ئىدى. ئىستىلىستىكىلىق سۇنئىيلىك كۆرسىتىش جەھەتتىكى ئۇستىلىقىنى دۈشمەنلىرىمۇ ئېتراپ قىلىشقان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىزنىڭچە خاراكتېر ئاجىزلىقى ۋە ئەقلى تېيىزلىق دەپ قارايدىغان ئەھۋالنى ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدىغان بىر سىياسىي قابىلىيەت بىلەن تەسىر كۆرسىتىش قابىلىيىتى بىلەن پۈتۈنلەشتۈرۈشتە يىگىرمىنچى ئەسىر دۆلەت رەھبەرلىرى ئارىسىدا سىرتتا قالمايدىغانلىقىدىن قىلچە گۇمان قىلمايمىز. زامانداشلىرىنىڭ كۆپ قىسمى چۈشكەن قاپقانغا، ئۆز قابىلىيەتلىرىنى سەل كۆرۈش قاپقىنىغىمۇ چۈشۈپ قالمىغان بىرى ئىدى.
شۇنىڭدەك، ئۈنۋان ۋە ئىجتىمائى ئورنى جەھەتتە تۈۋەن دەرىجىلىك بىر ھالەتتىن يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەللەرگە يۈكسىلەلىگەنلەر يالغۇز ھىتلېرلا ئەمەس. مەسىلەن ناپولېئوننىڭ يوقۇرى كۆتۈرۈلىشى مۇھىم بىر ئورگان بولغان ئارمىيە ۋاستىسىدىن پايدىلىنىش، قۇماندانلىق قىلىشتىكى پەۋقۇلئاددە جاسارىتى ۋە ئۇتۇقلىرى سايىسىدە ئىشقا ئاشۇرالىغان دەپ قارىساقمۇ، زامانىۋى دەۋردە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان تۇنجى ئادەم ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭغا سېلىشتۇرساق، ھىتلېر ھەربى سەپتە ئون بېشىلىقتىن يوقۇرى بىرەر ئۈنۋانغا ئېرىشەلىگەن بىرسىمۇ ئەمەس. ناپولېئون بولسا، تېخىمۇ كۆپ خىللىققا ئىگە شەخسى قابىلىيەتلىرى نوقتىسىدا ئەقىل جەھەتتە ھىتلېردىن ھەسسىلەپ ئۈستۈن تۇراتتى. يىگىرمىنچى ئەسىردە بولسا، ئىجتىمائىي ئورنى بولمىغان كىشىلەر ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئالاھىدە سىنىپى قاتارىغا كىرىپ دۆلەت كۈچىنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسىگە ئېرىشىش ئىھتىمالى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئىدى. شۇنداقتىمۇ، بۇ تۈردىكى مىساللار يەنىلا ئۇنچىۋالا كۆپمۇ كۆرۈلگەنمۇ ئەمەس. بولۇپمۇ مۇقىم دېموكراتىك دەۋرلەرگە قارىغاندا سىياسىي قالايماقانچىلىق ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە (ستالىن، ماۋ زەيدوڭ ۋە كاسترولارغا ئوخشاش) ئىنقىلابى ھەرىكەتلەر داھىلىرىنىڭ ئىچىدىن ئوتتۇرغا چىققان ئىدى.
ئەگەر ھىتلېردەك نام-نىشانسىز بىرسىنىڭ يوقۇرى كۆتۈرىلىپ ئەڭ يوقۇرى مەۋقىيگە ئېرىشەلىگەنلىكى پەۋقۇلئاددە بىر ھادىسە ئەمەس دەپ قارالغىنىدا، ئۇ ھالدا ھىتلېر بىلەن بىر قاتاردا ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە بۇ جەھەتتە ھېچ بىر ئىزاھات بېرەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس دېگەنلىك بولىدۇ. ھىتلېرنىڭ “بىلگىلى بولماسلىق ئىچىدە سىرلار بىلەن تولغان بىر تېپىشماق” (ئاجايىپ ئۆزگىچە ئىپادىلەش شەكلىگە پۈركەنگەن بىر سۆز ھالىغا كەلتۈرۈلگىنىگە قارىماي، بۇ سۆز ئەسلى ۋىنستون چېرچىلنىڭ سۆزى ئىدى) ھالىغا كەلگەنلىدىكى بىر سەۋەب، ھىتلېرنىڭ شەخسى مىجەز-خاراكتېرىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ يوقلىقىدىن ئوتتۇرغا چىقماقتا. يەنى پات-پاتلا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، ھىتلېر دېگەن بىرسى بۇ دۇنيادا “نە ياشاپ باققان نە ياشاپ باقمىغان” دېگەنلىكتۇر. بۇنداق ھۆكۈم قىلىش ئېھتىمال ئۇنى پەس كۆرۈش، سوفىستىك بىر كىشىلىكى بولمىغان، بەكلا ئاددى، تەربىيە كۆرمىگەن، كېيىن تۇيۇقسىزلا بېيىپ خۇدىنى بىلەلمەي قالغان، يەر يۈزىدىكى پۈتۈن نەرسىلەرگە قارىتا پىشمىغان قاراشلاردا بولۇپ پەيدا بولغان بىر يات ئادەمگە، ئۆزىنى مەدەنىيلىق جەھەتتە ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ قارىۋالغان مەدەنىيەتسىزگە ئۈستىدىن تۇرۇپ كۈزىتىشكە تەييار بىر ئەھۋال مەۋجۇت. كىشىلىك مىجەزلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈر قىسمەنلىكتە پەقەت ئۆزىگە خاس تۇرمۇشىنىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن ئائىلىسى توغرىلىقمۇ ئېغىزىنى چىڭ تۇتۇپ يۈرىدىغان بىرسى بولىشى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرتغا چىققان بولىشىمۇ مۇمكىن. ئېغىزىنى چىڭ تۇتۇش، كۆڭۈلچەكلىك بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇش، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ سىياسىي پوزىتسىيىسىگىمۇ سىڭىپ كەتكەن بىر خىل مىجەز ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولغان ئىدى. سىياسىي نوقتىدىن ئالغاندىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتلىك بولغان بۇ تۈر ئالاھىدىلىكى ھىتلېرنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك يۇشۇرۇن سىرلارنىڭ كۆپلەپ شەكىللىنىشىگە ئاڭلىق تۈردە يول قويغان “يۈرەكلىك” داھىيلىقىنى كۆرسىتىدىغان ‘ئىلاھى نۇر چەمبىرەك تاجى’ بىر تەركىۋى ھېسابلىنىدۇ. نېمىلا دېيىلسە دېيىلسۇن، ھىتلېرنىڭ ھاياتى سىياسىي پائالىيەتلەر سىرتىدا قۇپ-قۇرۇق بىر ھايات ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىن. ناپولېئون، بىسماررك، چېرچىل، كېنېدىي قاتارىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك جامائەت پائالىيەتلىرى سىرتىدىمۇ پائالىيەت كۆرسىتىپ كەلگەن كىشىلەردۇر. پلۇتاركخوسنىڭ “تەقدىر ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە ئىگە پائالىيەتلەر ۋاستىچىلىقى ئارقىلىق ئاساسلىق بىر مىجەزنى گەۋدىلىك ئىپادىلىگىنىدە، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقتىن يىراق خاراكتېردا بىرسى بولىشىنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ” دېگەن گېپىنى ستالىن ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئىدى. بۇ جۈملىنى ھىتلېر ئۈچۈن ئىشلەتكىنىمىزدىمۇ ئاجايىپ جەلىپ قىلارلىق بىر مەنىگە ئىگە بولىدىغانلىقىدا گەپ يوق.
“ياشاپ-ياشىمىغانلىقى ئېنىق بولمىغان” بىرسىنىڭ، يەنى قاتنىشىپ يۈرگەن سىياسى ۋەقەلىكلەر سىرتىدا بىرەر تارىخىي ياكى كىشىلىك ھاياتلىق پائالىيىتى بولمىغان بىرسىنىڭ بىئوگرافىيىسى — ياشىغان ھاياتى بىلەن باشتىن ئۆتكەزگەنلىرى، ياكى قىسقىچە ئېيتقاندا تەرجىمىھالى، تەبىئى ھالدا ئۆز چەكلىمىلىرى دائىرىسىدە چەكلىنىپ قالىدىغانلىقى مۇقەررەر. ئەمما بۇ يەردىكى كام قالغان يەرلىرىنى كىشىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقاھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىشىنى پەرەز قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرغا چىقىرىش مۇمكىن. ئەمما بۇنداق بىر پەرەز ئەسلىدە خاتا بىر پەرەزدۇر. چۇنكى ھىتلېر ئۈچۈن ئالغاندا ئۇنىڭدا “شەخسى تۇرمۇش دەيدىغان بىر نەرسە بولغان ئەمەس.” ئەلىۋەتتىكى، ئۇمۇ ئۆزىنى رىياللىقتىن يىراق تۇتۇش مەقسىتىدە كىنو كۆرۈش بىلەن مەشغۇل بولۇش، بېرگخوفتىكى چايخانىسىغا قاراپ كۈندىلىك سەيلىگىمۇ چىقىشى مۇمكىن، بېرلىندىكى مىنىستىرلىكلەردىن يىراقلاردىكى تاغلىق يەرلەردە سەھرا تۇرمۇشىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا چىقىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇ تۈردىكى كۈندىلىك ھەرىكەتلەر قىلچە مەنىسى بولمىغان ھەرىكەتچانلىققا ئائىت ئىشلاردىندۇر. بۇ تۈردىكى ئىشلار ئۇنىڭ سىياسەتنىڭ سىرتىدىكى بىر ساھەگە، ئاممىۋىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ھېس-تۇيغۇلىرىنى بەلگىلەيدىغان تېخىمۇ كەڭ مەنىلىك مەۋجۇتلۇقىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن دېگەن مەنىنى بىلدۈرەلمەيتتى. يەنى ئۇنىڭ “شەخسى تۇرمۇش” ھاياتى ئاممىۋىي تۇرمۇش خاراكتىرىنىڭ بىر پارچىسى ھالىغا كەلگەن دەپ قەتئى ئېيتالمايمىز. ھەتتا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ بۇ جەھەتتە شۇنچىلىك قاتتىق سىر تۇتاتتىكى، نېمىس خەلقى ئۇنىڭ ھاياتىدا ئېۋا براۋۇن دەيدىغان بىرسىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنىڭ خارەبە كۈللىرى سورۇلىۋاتقان كۈنلەرگە كەلگىنىدىلا ئاندىن قۇلاقتىن-قۇلاققا تۇيۇشقا باشلىغان ئىدى. تېخىمۇ مۇۋاپىق ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە، ھىتلېر ئۈچۈن ئاممىۋىي ساھە “ئۇنىڭ كىشىلىكى” دېيىش ئەڭ مۇۋاپىق تەرىپ بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈچۈن “كىشىلىك” بىلەن “ئاممىۋىلىق” بىر-بىرسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ پارچىلانماس بىر پۈتۈنلۈككە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. ھىتلېرنىڭ پۈتكۈل مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭ ئىنتايىن ماھارەتلىك ئوينىغان رولى — “فۈھرېر— داھىي” رولى ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن.
بۇ نوقتىغا كەلگەندە بىئوگرافىيە يازغۇچىسىنىڭ ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرغا چىقىدۇ. بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئىشنى ھىتلېرنىڭ شەخسىيىتى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى بىۋاستە ھالدا ۋە راستچىللىق بىلەن ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان “فۈھرېر” نىڭ كۈچىگە مەركەزلەشتۈرۈش ئاساسىدا باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ كۈچنىڭ بىر قىسمى ھىتلېرنىڭ ئۆزىدىن كەلگەن بولسا، كۆپىرەك قىسمى شۇ جەمىيەتتىن كەلمەكتە؛ بۇ كۈچ، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ھىتلېرغا ئامانەت قىلىنغان ئۈمىد ۋە پىرىنسىپلار پەيدا قىلغان نەرسىلىرىدۇر. ئەمما كۈچىنىڭ ئارتىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، جىددىي پەيتلەردە بەكلا مۇھىم رول ئوينايدىغان نەرسىنىڭ ھىتلېرنىڭ پائالىيەتلىرى بولمىسىمۇ بولىۋېرەتتى دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرمەيدۇ، ئەلىۋەتتە. شۇنداقتىمۇ، بۇ كۈچنىڭ تەسىرى ئاساسى جەھەتتە “كىشىلىك” تىن ئوتتۇرغا چىقىدىغان ئالاھىدىلىكلەردە ئەمەس، بەلكى فۈھرېر سۈپىتىدە ئوينىغان رولىدىن ئوتتۇرغا چىقماقتا؛ شۇنىڭدەك، بۇ رول پەقەت سەل قاراشلار، خاتالىشىشلار، ئاجىزلىقلار ۋە باشقىلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدىلا ئىشقا ئاشقان. بۇنىڭغا باغلانغان ھالدا ھىتلېرنىڭ كۈچىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ھىتلېرغا ئەمەس بەلكى ئالدى بىلەن ئۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىگە دىققەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
ھىتلېرنىڭ كۈچى ھەقىقەتەنمۇ پەۋقۇلئاددە بىر كۈچ ئىدى. ھىتلېر، بۇنداق بىر كۈچ قارىشىنى (ئەڭ جىددىي ئۆلچەم بويىچە ئالغىنىمىزدا) بىرەر پارتىيە داھىسى سۈپىتى ياكى ھەر قانداق بىر ئەمەلىي خىزمەت ئورنى ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويغىنى يوق. ئۇ، بۇ كۈچنى ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسى قاتارىدا تونىغان نەرسىسىدىن، يەنى گېرمانىيىنى قوغداش بۇرچىدىن ئالغان. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ كۈچى مەۋقەدىن كەلگەن ھادىسە بولماستىن بەلكى “جۇشقۇ، شىجائەت” تىن كەلگەن. بۇ كۈچ باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدا “قەھرىمانلىق” سۈپەتلىرىنى كۆرۈشكە تەييار تۇرۇشىغا باغلىق ئىدى. نەتىجىدە ئۇلار بۇنداق سۈپەتلەرنى — ۋە بەلكىم ئۆزلىرىنىڭمۇ ئەنە شۇنداق بىر سۈپەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىدىن ئاۋال — ھىتلېردا كۆرگەن ئىدى.
ناتسىست ھادىسىسى ھەققىدە ئۇ دەۋرلەردە ياشىغان ئەڭ مۇھىم ئانالىزچىلاردىن بىرى بولغان نېئومان مۇنداق دەيدۇ: “شىجائەتلىك باشقۇرۇش ئۇسلۇبى ئۇزۇنغىچە قوبۇل قىلىنماي رەت قىلىنىپ ۋە مازاق قىلىنىپ كېلىنگەن ئىدى. ئەمما بۇنىڭ مەنبەسى بەكلا چوڭقۇر يەرلەردە ئىكەنلىكى، مۇۋاپىق پسىخولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلار بىر يەرگە كېلىشى بىلەن بەكلا كۈچلۈك ئۇيغاتقۇچى كۈچ ھالىغا كەلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. داھىنىڭ جۇشقۇنلۇق كۈچى ھەرگىزمۇ بىر خىيالى ھادىسە ئەمەس ئىدى؛ مىليونلىغان كىشىلەر ئىشىنىۋاتقان بىر نەرسىدىن ھېچ كىم گۇمان قىلالمايدۇ.” بۇ كۈچنىڭ كېڭىيىپ كۈچلىنىپ بېرىشىغا ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە ھىتلېرنىڭ بىۋاستە تۆھپىسى بولغانلىقىنىمۇ ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. ئەگەر بىز، بۇنى قىسقىچە قىلىپ تەتۈرسىگە ئۆرۈپ ئويلىغىنىمىزدا تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنەلىشىمىز مۇمكىن: مەسىلەن ھىملېر بىلەن ئېس-ئېس رەھبەرلىكى ئاستىدا ئوتتۇرغا چىققان بىر تېررورچى ساقچى دۆلىتى، ھىتلېر بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۈستىدە بولمىغىنىدىمۇ ئوتتۇرغا چىقالىشى مۇمكىنمىدۇ، دەپ سۇئال قۇيۇپ باقايلى؛ شۇنىڭدەك، 1930-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي يۈزلۈك ياۋروپا ئۇرۇشى باشقا بىر داھىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا _ بۇ رەھبەرنىمۇ بىر مۇستەبىت رەھبەر دەپ پەرەز قىلىپ تۇرايلى — بولغىنىدىمۇ گېرمانىيە بۇنداق بىر ئۇرۇشقا كىرىشەرمىدى؟ يەنە شۇنىڭدەك، دۆلەت باشلىقى باشقا بىرسى بولغىنىدا ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا يەھۇدىيلارغا قارشى (بۇنداق بىر ئىشنىڭ مۇمكىن بولىشى ئېھتىمالغا بەكلا يېقىن ئىدى دەپ قارىغىنىمىزدا) تەڭسىز مۇئامىلىدە بولۇش پۈتۈنلەي ئىرقى قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگىچە يۈكسىلىشى مۇمكىنمىدى؟ دېگەن سۇئاللارنىمۇ قويۇپ كۆرىشىمىز مۇمكىن. بۇ تۈردىكى سۇئاللارنىڭ ھەر بىرىگە “ياق” دەپ، ياكى ھېچ بولمىغاندا “ئەڭ كۈچلۈك ئېھتىمالدا ئۇنداق بولالماس ئىدى” دەپ ئىشەنچ بىلەن ئېيتالىشىمىز مۇمكىن. تاشقى شارائىتلار بىلەن كىشىلىكى بولمىغان ھەل قىلغۇچ ئامىللار نېمىلا بولسا بولسۇن، ھىتلېرنىڭ ئورنىغا باشقا بىرسىنى قويۇش ئىمكانىيىتىنى پەقەتلا بېرەلمەيدۇ.
ھىتلېر پايدىلانغان بەكلا كىشىلەشتۈرۈلگەن كۈچ، چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئەقىللىق كىشىلەرنىمۇ — دىنى زاتلارنى، زىيالىلارنى، چەتئەللىك دېپلوماتلارنى، ئاتاغلىق زىيارەتچىلەرنىمۇ _ ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىشكە شەرتلىك رېفلېكسلەشتۈرۈپ تەسىرلىنىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. بۇ تۈر كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان ھېسسىياتلار، بىر مىيۇنخېن پىۋىخانىسىدىكى داۋراڭچى كىشىلەر توپلىمىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان ھاياجانلىنىشلارنىڭ نەق ئۆزى ئىدى. ئەمما قىزىققۇچى خەلق ئاممىسى قوللاپ بەرگەن، ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ ياسىنىش ۋە پاگون-مېداللىرى بىلەن پەدازلانغان، تەشۋىقاتقا تايىنىپ ۋارقىراپ خېرىدار يىغىشتەك ئىشلارنى قىلغان ئۇلۇغ داھىلىق نۇر تاج چەمبىرىكى بىلەن ئورالغان ھالدا تۇرۇغىنى ۋە كەينىدە گېرمانىيە باش مىنىستىرى (رېيچ شانسۆليەسى — ئۇ.ت) نوپۇزى بىلەن، باشقىلارنىڭ ئۇنى، تەجرىبىسىزلىكى بىلەن ساددىلىقىنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرغاندىمۇ، تەسىر قىلغۇچى دەپ تونىغانلىقىغا ھەيران قالغۇچىلىك يېرى يوق. كىچىك ئەمەلدارلىرىنىڭ، يەنى دەرىجىسى تۈۋەن بولغان ناتسىست يېتەكچىلىرىنىڭ، شەخسى ماھىيىتىنىڭ، پارتىيىنىڭ رايونلۇق باشلىقلىرىنىڭ _ ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى شۇئار ھالىغا كەلتۈرۈشكەنلىكىگىمۇ يەنە شۇ كۈچ سەۋەب بولماقتا ئىدى؛ ئاخىرىدا بۇ كۈچ 1945-يىلى تۈگىگىنىدە، چۆكىۋاتقان كېمىدىكى چاشقانلارغا ئوخشاش ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭ يېنىدىن قاچقان كىشىلەر يەنە شۇ كىشىلەر ئىدى. ئۇنىڭ كىشىلىكى بىزگە جىنىسىيلىكىنىڭ قارشى نەزىرىيىسى سۈپىتىدە كۆرۈلگەن ھىتلېرنى نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ (بولۇپمۇ ئۇنىڭدىن بەكلا كۆپ كىچىك بولغان ئاياللارنىڭ) جىنىسى كۈچنىڭ بىر سىموۋۇلى قاتارىدا كۆرۈپ، بىر مۇنچىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ سىرىمۇ بۇ كۈچنىڭ يۇشۇرۇن سىرلىرى ئىچىگە كۆمۈلگەن دېيىش كېرەك.
بۇ نوقتىدىن ئالغاندا، ھىتلېر تارىخىنى ئۇنىڭ كۈچىنىڭ تارىخى دەپ قارشقا مەجبۇرمىز: يەنى ئۇنىڭ بۇنداق بىر كۈچكە قانداقلارچە ئېرىشكەنلىكى، بۇ كۈچنىڭ ماھىيىتى زادى نېمىلەردىن تەشكىل تاپقانلىقى، بۇ كۈچتىن قايسى شەكىلدە پايدىلانغانلىقى، بارلىق دۆلەت ئاپاراتلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋىتەلىگىدەك بۇنداق بىر كۈچنىڭ زورىيىشىغا قانداقلارچە يول قويۇلغانلىقى، بۇنداق بىر كۈچكە قارشى تىركىشىش ھەرىكەتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئاجىز قالغانلىقى، … قاتارىدىكى سۇئاللار، پۈتۈنلەي ھىتلېرغا قارىتىلىدىغان سۇئاللار ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى گېرمانىيە خەلق ئاممىسىغا قارىتىپ سورىلىدىغان سۇئاللار بولىشى كېرەك.
ھىتلېر ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىغا ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتېرىغا سىڭىپ كەتكەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن قوشۇلغان تۆھپىسىنى ئەمىيەتسىزدەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشىمىزنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ پەقەت بىرلا مەقسەتكە مەركەزلىشىپ قالغانلىقى، جاھىللىقى، دۈچ كەلگەن بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش جەريانىدىكى رەھىمسىزلىكى، سۇنۇق كۆڭۈللۈك ئىقتىدارى، يا ھەممىسىنى ئۇتۇپ چىقىمەن يا ھەممىنى ئۇتتۇرىمەن دەپ تۇرۇپ ئەڭ چوڭ دو تىكىشتەك قىمارۋازلارچە ئىچكى تۈرتكىسىگە ئىگە بىرسى بولىشى؛ بۇ تۈردىكى كىشىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ھەممىسى يوقۇرىدا دېيىلگەن كۈچنىڭ شەكىللىنىشىدە بەكلا چوڭ ياردىمى بولغانلىقى ئېنىق. بۇ تۈردىكى مىجەز ئالاھىدىلىكى ھىتلېرنىڭ تۇغما كۈچىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئامىللىرىدا بىر يەرگە كەلگەن ئىدى؛ چەكلىمىسىز، پاتالوگىيىلىك مەنچىلىك ساراڭلىقىدا يىغىلغان ئىدى. كۈچ — ھىتلېرنى ھەرىكەتكە ئۈندەپ تۇرىدىغان سىلىغلاتقۇچى ياغ رولىنى ئوينىغان ئىدى. ئۇنىڭدەك ئۆزىنىلا ياخشى كۆرىدىغان بىرسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆتمۈشتىكى ئوڭۇشسىزلىقلار بىلەن تولغان مەقسەتسىز يۈرگەن يىللىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭغا ئېنىق بىر غايە سۇنغان؛ سەنئەتچى بولىشى رەت قىلىنغانلىقى، بىر ۋيېننالىققا خاس ئىنتايىن ئەرزان ئۆتكۈنچى مۇساپىرخانىلاردا قېلىشقا مەجبۇر بولغىدەك ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ بىراقلا ئەڭ تۈۋەن دەرىجىلەرگىچە تۈۋەنلەپ كېتىشى، 1918-يىلقى ئىنقىلاپنىڭ ۋە ئۇرۇش مەغلوبىيىتىنىڭ كەينىدىن ئۇنىڭ خامخىيال دۇنياسىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ كېتىشى شۇنىڭدەك ئوقۇشسىزلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ھايات يولىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىنى مۇكاپلىغاندەك بىر تەسىر ئوتتۇرغا چىقىققان ئىدى. كۈچ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا تۈگىگىچە سەرىپ قىلىنىدىغان بىر نەرسە ھېسابلىناتتى. كۈزىتىش كۈچى كۈچلۈك بولغان بىر كۈزەتكۈچى، 1940-يىللاردا، ھىتلېرنىڭ فرانسىيە غالىبىيىتىدىن خېلې ۋاقىتلار بۇرۇن مۇنداق بىر باھادا بولغان ئىدى: “ھىتلېر، ئەڭ يوقۇرى سەۋىيىدىكى مەخسۇس ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنىڭ بىر نەمۇنىسى. ئۇنىڭدا ئۆزىدىكى مەندىن باشقا ئۇنى تۇتۇپ تۇرالايدىغان ھېچ نەرسە يوق. … ئۇ ئەنە شۇنداق ئۆزىگە خاس ئورۇندا تۇرىۋاتقان بىر شەخسىيەت ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئۆزىدىن باشقا ھېچ نەرسىنى، ھېچ كىمنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرسىگە خاس ئالاھىدە ئورۇندىكى بىر ئادەم. … شۇ سەۋەبتىن … ئۇ ئۆزى بىلەن كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغان ئۆلۈم ئوتتۇرسىدا تۇرغان بىردىن-بىر نەرسىنى، … يەنى كۈچىنى ساقلاش ياكى ئۇنى ئارتتۇرۇش ئۈچۈن ھەممە ئىشقا جۈرئەت قىلىدىغان بىرسى.” ئەنە شۇنداق يۈكسەكلىكتە كىشىلىكلەشتۈرۈلگەن بىر كۈچ-قۇدرەتكە تەشنالىقى، — بەكلا يۇقۇرى قىممەتتىكى بىر قىمارغا دو تىكىشكە تەڭ بولغان زېمىن ئىشغال قىلىش قىمار ئۇيۇنى ئۈچۈن ئۇ ئاۋال ياۋروپا قىتئەسىدە، ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە دۇنيا ئۈستىدە بىردىن-بىر كۈچ-قۇدرەت ھالىغا كېلىشكە بولغان ئاچكۆزلىكىنى قاندۈرۈشنىلا خىيال قىلىپ يۈرىدۇ. تېخىمۇ كۈچلۈك بىر قۇدرەتكە ئىگە بولۇش يولىدا يۈرىدىغان بۇ كىشىنى بىزار قىلغۇچى ئىزدىنىش يا بىر ئاجىزلىشىشنى، ياكى بەلگىلىك بىر دائىرى ئىچىدە چەكلىنىپ تۇرۇشنى قوبۇل قىلالمايتتى. ئۇنىمۇ ئاز دەپ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى كەينى-كەينىدىن قولغا كېلىپ تۇرىدىغان “ئۇلۇغ غالىبىيەت” لەر بولۇپ كۆرۈنگەن نەرسىلەرنىڭ ئىزچىللىقىغىمۇ باغلىق بولغان بىر روھى ئىنتىلىش ھالىتى ئىدى. ئۇنىڭدىكى بۇنداق چەكلىمە قوبۇل قىلىش ئۇقۇمىنىڭ بولماسلىقى، بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئەسەبىلىكى ھىتلېر داھىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئۆزىنى ئۆزى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۇرۇقلىرىنى ئۆز ئىچىدە ساقلاشتىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. بۇ دېمەك، ئۇنىڭ باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ھاكىمىيىتى ئۆنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرىۋېلىش ئىچكى تۈرتكىسى بىلەن تولۇق ماسلىشىپ كەلگەن دېيىش مۇمكىن.
ھىتلېر ئۈچۈن كۈچ-قۇدرەت ئاخىرقى تامچىسىغىچە ئىشلىتىپ تۈگىتىشكە بولىدىغان بىر نەرسە ھېسابلانسىمۇ، مەزمۇنسىز ياكى مەنىسىز پەقەتلا كۈچ-قۇدرەت دەپلا قولىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان نەرسىمۇ ئەمەس ئىدى. يەنە شۇنىڭدەك ھىتلېر ھەرىكەتكە ئاتلاندۇرۇشنىڭ پەقەتلا بىر تەشۋىقاتچىسى، پەقەتلا بىر كۇنۇپكىسىدىنلا ئىبارەت دېيىشمۇ توغرا ئەمەس. ئۇنى، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېيىش مۇمكىن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا يەنە تەۋرەنمەس چۈشەنچىلەرنىڭ ئىدىئولوگى ئىدى. — (بىزگە ھەر قانچە رىغبەتلەندۈرگۈچى بولۇپ كۆرىنىشىدىن قەتئى نەزەر) ئىچكى بىرلىككە ئىگە بىر “دۇنيا قاراش” نىڭ ھىمايىچىسى سۈپىتىدە رادىكاللارنىڭ ئەڭ رادىكالى بىرسى ئىدى. ئۇ، بۇ تۈر “دۇنيا قارىشى” نىڭ تۈرتكە كۈچى بىلەن ئۇنىڭ تەسىر قىلىشىنى ئىنسانىيەت تارىخى قاراشلىرىنى ئىرقى كۈرەش تارىخى ھالىغا كەلتۈرىۋالغان بىر قانچە ئاساسلىق كۆزقاراشلارنىڭ يىغىندىسىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ “دۇنيا قارىشى” گېرمانىيە ۋە دۇنيانىڭ كېسەللىكلىرىگە، بۇ كېسەللىكلەرنى قانداق قىلغاندا ساقايتىشقا بولىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك چۈشەندۈرۈشنى ئوتتۇرغا قويماقتا ئىدى. ئۇ، 1920-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تا يەر ئاستى ئاكوپى ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزىنىڭ بۇ “دۇنيا قارىشى” دا قىلچە ئىككىلەنمەي قەتئى چىڭ تۇرۇپ كەلدى. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى ئورتاھال سەۋىيىدىكى بىر قاتار سىياسەتلەر ئەمەس بەلكى ئۇتوپىيىلىك مىللى ئىسلاھات كۆزقارىشى ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ “دۇنيا قارىشى” ناتسىستلار نەزەرىيىسىنىڭ ئوخشىمىغان تۈگۈنلىرىنى بىر يەرگە كەلتۈرەلىگىدەك كۈچكە ئىگە بولۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ؛ ھىتلېر نىڭ نەزەرىيىۋى قابىلىيەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگىنىدە، ئۇزۇنغا قالماي پارتىيە تەلىماتى ئەڭ ئۇششاق ماددىلىرى بويىچىمۇ ھىتلېرغا قەتئى قارشى تۇرالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلگەن دېگەنلىك ئىدى.
ھىتلېرنىڭ ئىدىيىۋىي غايىلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە ۋەقەلىكلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى شەخسى تىرىشچانلىقلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەنمۇ بەكلا دىققەت بىلەن، بەكلا ئەستايىدىللىق بىلەن توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇلار يەنىلا ھەممە ئىشلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشىمىز ئۈچۈنمۇ پەقەت يەتمەيدۇ. بىز بىر مۇستەبىت دىكتاتورنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا دىكتاتورلۇقنىمۇ بىرلىكتە تەتقىق قىلىشقا مەجبۇرمىز. شۇنىڭدەك، دىكتاتورلۇقنى تۆۋەندىن ھىمايە قىلىپ بېرىۋاتقان، ئۇنىڭ ئاكتىپلىقىنى، ئۇنىڭ ئاساسىدىكى كېڭىشىشلەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئىجتىمائى تۈرتكىلىك كۈچلەر بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگىزىش شەكىللىرىنىىمۇ تەتقىق قىلىپ چىقىشقا مەجبۇرمىز. ھىتلېر ئۆزى قىلمىغان، ئۇ باشلامچىلىق قىلمىغان، ئەمما يەنىلا باشقىلارنىڭ پىلانلىشى بىلەن يولغا قويۇلغان ھەر قانداق بىر ئىش، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ “رادىكاللىشىش جەريانى” نى بىلىشىمىز ئۈچۈن دىكتاتورنىڭ پائالىيەتلىرىچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇ ھالدا، ھىتلېر ھەققىدە يېڭىدىن بىر بىئوگرافىيىگە، يېڭىچە تونۇشقىمۇ ئېھتىياجىمىز بار. ھىتلېرنى يېڭىچە تونۇش ئىشى، ئۇنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى، بۇ كۈچنىڭ پەۋقۇلئاددە تەسىرىنى بەلگىلىگەن سىياسى تۈزۈلمىلەر ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر بىلەن، دىكتاتورنىڭ پائالىيەتلىرىنى بىر پۈتۈن ھالغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشقا مۇھتاج ئىدى. دېكتاتورنىڭ چەكسىز تەسىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ھىتلېرنىڭ كىشىلىكىدىن بەكىرەك (ئۇنىڭ بارلىق چىگىشلىكىگە قارىماي) نېمىس ئاممىسىنىڭ مەقسەتلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈمىدلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر ئۇسۇل، رەئىسلىك قىلغان بىر ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئىچكى ھەرىكەت كۈچى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرغا چىقارغان كۈچلەر ۋاستىلىقى بويىچە ھىتلېرنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىشىنى چۈشەندۈرۈش ئىمكانىغا ئىگە بولالايمىز. بۇ ئۇسۇل، 1934-يىلىسى مۇھىم بولمىغان بىر ۋەزىپىگە قويۇلغان بىر ناتسىست تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىش ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىدى. بۇ سۆزلەر ئاساسەن بۇ كىتاپقا كىرگۈزۈلۈپ 13-بابنىڭ تېمىسىغا بىر شەكىل بېرىدۇ. ئۈچىنچى ئىمپىرىيىدە ھەر بىر كىشىنىڭ ۋەزىپىسى، يوقۇرىدىن بىرەر تەلىمات كۈتمەستىنلا “فۈھرېرنىڭ تەلىۋى بويىچە تىرىشىش” ئىدى. ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بۇ تۈر ئارزۇلار ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنى ھەرىكەتلەندۈرگەن كۈچلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈر ئىختىيارى ھەرىكەتلەر دىكتاتورنىڭ ئالدىن كۆرەرلىك مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارزۇسى ۋاستىسى ئارقىلىق، ھىتلېرنىڭ ئەتراپىدىكى ئەركىن بىر شەكىلدە بەلگىلەنگەن ئىدىيىۋى نىشانلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى دېگەنلىك بولاتتى. بۇ يەردە ھەل قىلغۇچ ئامىل، ئەلىۋەتتىكى ھىتلېرنىڭ سالاھىتى ئىدى. ئەمما ھەممە قوبۇل قىلغان ئۇنىڭ ئۈستۈنلۈكلىرىنى بىر ھېسابتا باشقىلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئاساسلىنىپ ئوتتۇرغا چىققان دېيىش مۇمكىن.
ھىتلېرنى ھەرگىزمۇ ئۆزىنى گېرمانىيىگە مەجبۇرى تاڭغان بىر زوراۋان دېيىشكە بولمايدۇ. ئەركىن سايلاملاردا كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋاز بېرىشىنى ھېچ قاچان قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولغىنىدىمۇ، خۇددى ئالدىنقىلارغا ئوخشاش قانۇنى تۈردە گېرمانىيە باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىگە كەلتۈرۈلۈپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان، شۇنىڭدەك 1933-يىلى بىلەن 1944-يىللىرى ئوتتۇرسىدا دۇنيادىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بىرسىگە ئايلانغان ئىدى. بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئېنىق بىر شەكىلدە بىر-بىرسىگە ماس كەلتۈرگىلى بولمايۋاتقان ئىككى نەرسىنى — بىئوگرافىيىنىڭ كىشىلىكلەشتۈرۈلۈش ئۇسلۇبى بىلەن (سىياسىي ئىگىدارچىلىق ئورگانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) ئاممىۋىي تارىخقا زىت مۇئامىلىدە بولۇشلارنى — ئۆزئارا بىر-بىرسى بىلەن مۇۋاپىقلاشتۇرۇلىشى كېرەك بولماقتا. ھىتلېرنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرىنى پەقەت ئۇنى ئۈندۈرۈپ چىققان (ۋە ئۇ يوق قىلىۋەتكەن) دەۋىر بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن چۈشىنەلىشىمىز مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، ھىتلېرغا مۇناسىۋەتلىك كىشىنى قايىل قىلغىدەك بىر تەتقىقات، بەلگىلىك بىر مەنىدە ناتسىستلار دەۋرىنىڭمۇ تارىخى ھېسابلىنىشى كېرەك. بىئوگرافىيە، ئەنە شۇنداق بىر نەتىجىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن — تەبىئىكى بۇنداق بىر نەتىجىگە نەق مەنىسى بويىچە ئېرىشكىلى بولغىنىدا، ئەلىۋەتتە — پەرەز قىلىشقا بولىدىغان بىر ئۇسۇل ھېسابلانمىغىنىدىمۇ، — ئۈچىنچى ئىمپىرىيە گىرىپتار بولغان ساراڭلىقتا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان ۋە شۇنىڭدەك ئادەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ھىتلېر رولىغا بىۋاستە مەركەزلەشكەنلىكى ھەققىدە دېيىشكە بولىدىغان بىر قانچە ئېغىز سۆز چوقۇم تېپىلىدۇ.
ھىتلېر رولىنى باھالىماي تۇرۇپ ناتسىستلار ھادىسىسى ھەققىدە ئومۇمىي يۈزلۈك بىر چۈشەنچە شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بۇنداق بىر مۇھاكىمە، ھىتلېرنىڭ ئىدىيىۋىي غايىلىرىنى، پائالىيەتلىرىنى ۋە ۋەقەلىكلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى شەخسى تىرىشچانلىقىنى مەلۇم بولغان بارلىق تەرەپلىرى بويىچە ئەھمىيەتكە ئېلىش زۆرۈر بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ تۈر تەسىرلەرنى ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە سىياسى ئورگانلار ئىچىدىكى ئورنىنىمۇ دەل جايىغا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. چۇنكى كىشىلىكلەشتۈرۈلگەن، مۇتلەق بىر كۈچكە قاراپ كېتىۋاتقىنىدا بۇ كۈچكە تېخىمۇ باغلىنىپ قالغان بىر تۈزۈم، — بۇ تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتلەرگە — يول قويۇپ بەرگەن، ئۇنى بەلگىلىك بىر شەكىلگە كەلتۈرۈپ مۇقىملاشتۇرۇپ بەرگەن ھەمدە ئۇنىڭ زورىيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئىجتىمائىي كۈچلەر بىلەن سىياسىي ئورگانلار ئىدى.
مەدەنىيەتنىڭ ئاساسلىرىغا قارىتا ناتسىستلار ھۇجۇمى يىگىرمىنچى ئەسىرنى باھالاشنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ھالىغا ئايلاندى. ھىتلېر بۇ تۈر ھۇجۇمنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان بىر شەخسى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئۇ بۇ ھۇجۇمنىڭ ئاساسلىق سەۋەپچىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇ ھۇجۇمنى ھىمايە قىلغۇچى ئەڭ باشتىكى بىرسى ھېسابلىنىدۇ.
— ئى. كېرشاۋ
كىرشاۋنىڭ مۇندەرىجىسى:
بىرىنچى قىسىم «خۇبرىس»
تەرجىماننىڭ ئىزاھاتى
كىرىش سۆز
رەخمەت
ھىتلېرنى قانداق تونۇش كېرەك؟
1.خىياللىرى ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار
2.پۇت تىرەپ تۇرالماسلىق
3.خۇشاللىق ۋە دىلى ئازارلىنىش
4.بىر قابىلىيەتنىڭ تونۇلىشى
5.پىۋىخانا ئىسيانى
6.”كارنايچى”
7.داھىنىڭ پەيدا بولىشى
8.ھەرىكەتنى قولغا ئېلىش
9.تەرەققىيات
10.ھاكىمىيەت ئۈستىگە ئولتۇرۇش
11.مۇستەبىتنىڭ پەيدا بولىشى
12.مۇتلەق ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش
13.ھەممە فۈھرېر ئۈچۈن
قىسقارتىلما تىزىملىكى
ئىزاھاتلار
ئىسىم تىزىملىكى
رەسىم تىزىملىكى
(1~816-بەتكىچە)
ئىككىنچى قىسىم «نېمېسىس»
كىرىش سۆز
رەخمەت
خەرىتىلەر
1936: غالىپ ھىتلېر
1.ئىزچىل رادىكاللىشىش يولىدا
2.كېڭەيمىچىلىك ھەۋىسى
3.ئىرقى قىرغىنچىلىق قارىشىنىڭ ئىشارەتلىرى
4.خاتا ھېساپ
5.ئاداققىچە
6.ياۋايىلىق سالاھىتى
7.ھوقۇقنىڭ چوققىسى
8.”يوقۇتۇش ئۇرۇشى” پىلانى
9.ھېسابلىشىش
10.ئىسپاتلانغان ئالدىن كۆرۈش
11.ئەڭ ئاخىرقى دوغا چىقىش
12.قورشاۋ ئاستىدا
13.مۈجىزە تاماسى
14.شەيتاننىڭ تەلىيى
15.چىقىش يولى يوق
16.ھاڭغا قاراپ ئىلگىرلەش
17.يوقۇلۇش
ئاخىرقى سۆز
ئاتالغۇلار ۋە قىسقارتىلمىلار
ئىزاھاتلار
سىتاتا ئېلىنغان مەنبەلەر
ئىندىكىس
رەسىم تىزىمى
(1~1165-بەتكىچە)
قوشۇمچە-4
مارك مازوۋېر
ھىتلېر ئىمپىرىيىسى
ئىشغالىيىتىدىكى ياۋروپادا ناتسىستلار ھاكىمىيىتى
Hitler’s Empire:
Nazi Rule in Occupied Eurppe
Penguin Books 2009
2008, Mark Mazower
Türkçe:
Hitler İmparatorluğu:
İşgal Avrupa’sında Nazi Yönetimi
Çeviren: Yavuz Alogan
2010, Alfa Basım Yayım Dağıtım San. Ve Tic. Ltd. Şti.
1.Basım: Mayıs 2013-07-30
ئاپتور ھەققىدە
كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدە تارىخ پروفىسسورى بولغان مارك مازوۋېر، ھازىرقى زامان گىرىتسىيە تارىخى، 20-ئەسىر ياۋروپا تارىخى ۋە زامانىۋىي خەلقئارالىق تارىخ ئۈستىدە مۇتەخەسسىس بىرىدۇر. ئۇ، ئوكسفوردتا كلاسىكلەر ۋە پەلسەپە دەرسلىرىنى ئالغاندىن كېيىن، جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى بولوگنا مەركىزىدە خەلقئارالىق مۇناسىۋەت كەسىپىنى ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئوقۇشىنى ھازىرقى زامان تارىخى بويىچە 1988-يىلى ئوكسفورتتا پۈتتۈرىدۇ. يازغان كىتاپلىرىنىڭ بىر مۇنچىسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ كىتابىمۇ لا تايمىستىن يىلنىڭ تارىخ كىتابى دېگەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. چىنچە تەرجىمىسىمۇ يېقىندا نەشرى قىلىنغان.
(تولاند كىتابىدا ھىتلېرنى ئىنتايىن تىرىشچان ئەمما ئەسەبى بىر مىللەتچى دەپ تەسۋىرلىگەن بولسا، كېرشاۋ كىتابىدا ھىتلېرنى گېرمانىيە خەلقى ئارزۇلاپ ئورتاق ياراتقان بىر ئوبراز، دەپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقاندەك كۆرۈنەتتى. ئەمما مازوۋېرنىڭ بۇ كىتابى بۈگۈنكى كۈندىكى مۇرەككەپ ئوبزور ماقالىلىرىدەك يېزىلغانمۇ قانداق، ھىتلېر ناتسىسىتلىرىنىڭ ئەقىدىسى نېمىس مىللىتىنى بىر پۈتۈن گەۋدە ھالىتىدە دۇنيادا مۇستەھكەم ئورۇنغا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت يېقىنقى زامان پرۇسىيە مىللەتچىلىك ئەقىدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش غايىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ۋە شۇ ئاساستا بۇ ھەرىكەت ئوتتۇرغا چىققان، دېگەن تارىخى ئاساسى بار بىر ھەرىكەتنىڭ ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ داۋاملىشىشى دەيدىغان ئۇقۇمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مازوۋېر ۋەزىيەتنى ئوڭ-تەتۈر ئارىلاشتۇرۇپ تەسۋىرلەپ چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن كىشىگە. ئەمما بەزى مۇلاھىزىلىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئويغا سالماي قويمايىكەن. بەلكىم ھىتلېرگە بېرىلىدىغان باھالار ئاساسىدا يېزىلىدىغان بۇنداق تەرجىمىھال كىتابلىرى، بۇندىن كېيىنكى ھەر بىر ئەۋلات تارىخچىلىرى تەرىپىدىن يەنە خېلى دەۋرلەرگىچە يېڭىلىنىپ يېزىلىپ تۇرسا كېرەك. — ئا. بوران)
مازوۋېرنىڭ مۇندەرىجىسى
رەسىم تىزىملىكى 9
خەرىتە تىزىملىكى 11
رەخمەت 27
قىسقارتىلما سۆزلەر 29
ئىپىلوگ 31
كىرىش سۆز 41
بىرىنچى بۆلۈم ئۇلۇغ گېرمانىيە ئۈچۈن
1. نېمىسلار ۋە سلاۋيانلار 1848~1918 61
2. ۋېرسايىلدىن ۋيېنناغىچە 82
3. كېڭەيمىچىلىك ۈە ۋەزىيەتنى جىددىلەشتۈرۈش: 1938~1940 111
4. پولشانىڭ بۆلىۋېتىلىشى 142
5. 1940-يىل ياز ئايلىرى 173
6. يوق قىلىش ئۇرۇشى: سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىلگىرلەپ كىرىش 217
7. بۇ زېمىننى مەن ئۈچۈن نېمىسلاشتۇر! 271
8. قالايماقانچىلىقتىن تەشكىللىنىشكە 335
ئىككىنچى بۆلۈم يېڭى تۈزۈم
9. ئىشغال چىقىمىنى تۆلەتكۈزۈش 381
10. ئىشلەمچىلەر 426
11. سۇنئىي دېپلوماتىيە 456
12. ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش: يەھۇدىيلار مەسىلىسى 517
13. ھەمكارلاشقۇچىلار 576
14. شەرقلىق ياردەمچىلەر 613
15. مۇخالىپ كۈچلەر 643
16. ھىتلېر كاپۇت! 714
ئۈچىنچى بۆلۈم ئوبرازلار
17. بىز ياۋروپالىقلار 753
18. دۇنيانىڭ يېڭى تۈزۈم تارىخى 781
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى 819
ئىندىكىس 857
قوشۇمچەــ 4
ئۇيغۇرچە تەرجىمان ئىزاھاتى:
بىزدىن مىڭلارچە كىلومېتىر نېرىدىكى بىر خەلقنىڭ بۈگۈن سەلىبى بولۇپ قارىلىۋاتقان، بىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان، ھەتتا بىر قىسىم تارىخىي خەۋەرلەردىن قارىغاندا ئەينى ۋاقتىدا بەزى تەرەپلەردىن بىزگە زىيىنى كېلىش ئېھتىمالىمۇ بولغان بىر داھىيسىنىڭ، بۇندىن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت بۇرۇن بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىش-ئىزلىرىنى قىسمەن بىتەرەپ، قىسمەن تەنقىدىي ۋە قىسمەن ھەۋەسلىنىپ بايان قىلغان بۇنچە چوڭ ھەجىملىك بىر كىتابنىڭ تەرجىمىسىگە قىزىقىدىغان تارىخ ھەۋەسكارلىرىمىزدىن باشقا بىرەر ئۇيغۇر كىتابخان چىقارمۇ؟ ئامېرىكاپەرەس بىرىنىڭ بۇ ھەقتە يازغان ئۈچ توملۇق قېلىن-قېلىن كىتابلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، يەنى «ئۈچىنچى ئىمپېرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە يىمىرىلىشى» بىزگە يېتىپ ئاشماسمىدى؟ ھىتلېرنىڭ «كۈرەش يولۇم» دېگەن قېلىن بىر كىتابىنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكىنىمدىمۇ شۇنداق غەم بېشىمدا چۆگىلەپ يۈرەتتى. ياكى بۈگۈنكى دۇنيا سىياسىي جوغراپىيىسى بىلەن دۇنيا دېپلوماتىك سىياسەتلىرىنىڭ ئۇلى سېلىنىشىغا ۋاستىلىق سەۋەبچى بولغان بىرسى ھەققىدە پۈتۈن دۇنيادا نەچچە ئونلىغان چوڭ ھەجىملىك كىتابلار ئىزچىل تۈردە نەشرى قىلىنىپ ئون قېتىم، ھەتتا يۈز قېتىملاپ دېگۈدەك قايتا-قايتا بېسىلىپ ۋە ھەرخىل تىللارغا زېرىكمەي تەكرار-تەكرار تەرجىمە قىلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا ھەيران قېلىپلا (قىزىق، تەرجىمىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇزىنچى يىللىرى رۇخسەتسىز بېسىلغان، 70-يىللىرىدىن باشلاپ بېسىلىشقا قىسمەن رۇخسەت قىلىنغان «كۈرەش يولۇم»، يەنى «قاۋغام» نىڭ نەچچە ئون خىل تۈركچە تەرجىمە نەشرى بارلىقىغا قارىماي، ھەر يىلى دېگىدەك يېڭىدىن بېسىلىپ تۇرىدىكەن!) بۇ تۈر كىتابلارنى تەرجىمە قىلىشقا قىزىقىپ قالغان ئوخشايمەن دېسەم، بەكلا سەۋىيىسىز گەپ قىلغانلىق بولارمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۈر بىئوگرافىيىلەر بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ۋەقەلىكلەر ئاساسىدا مىڭ بەتلەپ كىتاب قىلىنىپ يېزىلىش ئىشى تا بۈگۈنگىچە توختاپ قالغىنى يوق. مەسىلەن 2008-يىلىدا تۈركىيە تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلغان، “ماختانچاق” ۋە “جازالىنىش” دەپ قوشۇمچە ماۋزۇ قويۇلۇپ ئىككى توم قىلىپ نەشر قىلىنغان، ئەسلى 2000-يىلى ئىنگلىزچە نەشر قىلىنغان ئىئان كېرشاۋنىڭ نىسبەتەن رىيال ئادەم تەسۋىرى ئاساسىدا، ئەمما سەۋەبىنى شەخسى ئۈستىدە ئەمەس بەلكى جەمىيەتتە دەپ قاراپ خېلىلا چۆكۈرۈپ يېزىلغان «ھىتلېر» دېگەن جەمئىي ئىككى يېرىم مىڭ بەتكە يېقىن بالادەك قېلىن ئىككى قىسىملىق «ھىتلېر بىئوگرافىيىسى» كىتابىغا نېمە دېگۈلۈك (كېرشاۋ يازغان بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمى بىلەن مۇندەرىجىسى، شۇنىڭدەك تۈۋەندە ئىسمى ئاتالغان مازوۋەرنىڭ ئەسىرىنىڭمۇ كىرىش سۆز قىسمى كىتاب ئاخىرىغا قوشۇمچە قىلىندى، كېرشاۋنىڭ ۋە مازۇۋەرنىڭ بۇ كىتابلىرى يېقىندا چىنچە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىنغان)؟ 2009-يىلى مارك مازوۋەر دېگەن يەنە بىر تارىخچى «ھىتلېر ئىمپىرىيىسى ئىشغالىيىتىدىكى ياۋروپادا ناتسىستلار ھاكىمىيىتى» دېگەن كىتاپ نەشرى قىلىنىپ بۇ يىل ئۇنىڭ تۈكچە تەرجىمىسىمۇ بېسىلدى. بىر ھېسابتا بۇمۇ بىر ئانالىز خاراكتېرلىق ھىتلېر تەرجىمىھالى ھېسابلىنىدۇ. قىسقىسى، تولاندنىڭ قەلىمى بىلەن تەسۋىرلەنگەن ھىتلېر دېگەن بۇ ئادەم، ئەسلىدە ئەڭ ئادەتتىكى، ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى بىر ئادەم بولۇشىغا قارىماي شۇ دەۋرلەردە قالاق مەدەنىيەت مۇھىتى ئاستىدا ئەمەس، دەل ئەكسىچە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى، كۋانت نەزەرىيىسىگە ئوخشاش دۇنيانى زىلزىلىگە سالغۇدەك ئىلىم-پەن نەزەرىيىسى ۋە تېخنىكىلىرىنى يارىتىۋاتقان دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار زامانىۋىي مەدەنىيەت ياراتقۇچىلىرى ھېسابلىنىدىغان نېمىس خەلقىنى يېتەكلەپ، ئۆز مىللىتىنى باشقا مىللەتلەرنىڭ يارغا قىستىشىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئادەمنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان خىياللاردا بولغانلىقى ۋە بۇ خىياللىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنچە قىيىن ئەھۋال ئاستىدا ئاجايىپ غەلىتە ئەمما ئۈنۈملۈك پىلانلارنى تۈزۈپ ھەرىكەتكە ئاتلانغانلىقىنى ئوچۇق كۆرۈۋالالايمىز. بۇ ئىشلار، ئەڭ ئىلغار زامانىۋىي مەدەنىيەت مەركىزى قاتارىدا تونۇلىۋاتقان غەربىي ياۋروپادا مىللىتىم ئۈچۈن دەپ تېخى تۈنۈگۈنكى ئەسىردىلا يۈز بەرگەن ئىشلار ئىكەن. ئەڭ قىزىقى، تۈزۈك مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، قولغا چىققۇدەك بىرەر كەسپىنىڭمۇ تايىنى يوق، تۈزۈك بىر ياردەمچىسىمۇ يوق بەكلا نامرات، ھەتتا تىلەمچى دېگۈدەك بىرىنىڭ شۇنچە ئىلغار بىر مىللەتنى يېتەكلەشتە كۆرسەتكەن ئاجايىپ زور تىرىشچانلىقى.
ئېسىمگە كەلگىنىدە ئەسكەرتىپ قوياي: بۇ كىتاب 郭伟强 تەرىپىدىن ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشرى قىلىنغان، كېيىن تورلارغا قويۇلغان چىنچە نۇسخىسىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى (چىنچىسى «يىتىمچىدىن داھىلىققىچە 从乞丐到元首» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئېنگلىزچە نامى ئاساسىدا «ئادولف ھىتلېر سەرگۈزەشتىلىرى» دەپ ئاتالدى. بۇ كىتابنىڭ چىنچە تەرجىمانى تەرجىمە جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكەن مۇنداق ھەجىۋى بىر ۋەقەلىكنى خاتىمە سۈپىتىدە قوشۇپ قويغان: كىتابنىڭ يېرىمىنى تەرجىمە قىلىپ بولغىنىدا ئۆيىگە ئوغرى كىرىپ تەرجىمە ئورگىنالى سېلىنغان سومكا بىلەن يەنە بىر ئۈن ئالغۇسىنى قوشۇپ ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن؛ بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن ئۆيىنىڭ يېنىدىكى بىر بىنانىڭ سۈپىرەندىخانىسىدا بۇ ئورگىنالىنىڭ چېچىلىپ ياتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ بەكلا سۈيۈنۈپ كەتكەن؛ ئەمما يوقالغان مىڭ سوملۇق ئۈنئالغۇسىغا قارىغاندا قوليازما سومكىسىغا بەكىرەك ئېچىنغانلىقىنى ئېيتقان). بۇ تەرجىمەمدە، دۇنيادا ئىپادىلەش قابىلىيىتى جەھەتتە تەڭدىشى يوق دەپ قارىلىۋاتقان ئەمما يېزىق دېگەننىڭ نەچچە ئون تاۋۇش بەلگىلىرىدىن تۈزۈلىدىغانلىقىغا ئەقلى يەتمەي قالغانمۇ قانداق، نەچچە ئون مىڭ خىل رەسىمنى خەت قىلىۋالغان بولىشىغا قارىماي ئادەتتىكى چەتئەل ئىسىملىرىنىمۇ ئېنىق تەلەپپۇز قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان، بىر يېرىم مىليارد چىن غۇرۇرلىنىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان نەچچە يۈزمىڭ سۆزلۈك لۇغىتى بولغان چىنچە تەلەپپۇزدا ئېلىنغان بەزى يەر- نام ۋە كىشى ئىسىملىرىنى ئېنگلىزچە نۇسخىسىغا سېلىشتۇرۇپ، ‘ئارانلا 32 ھەرپلىك يېزىقىمىز’ بولغان ئۇيغۇرچە بويىچە قايتا ‘ئاھاڭ سېلىش’ قا تىرىشتىم (تەڭرىنىڭ ئىنسان ئېغىزىغا 32 چىش ئاپرىدە قىلىشى بىلەن بىزنىڭ ئاغزىمىزنىمۇ 32 ھەرپ تاۋۇشى بىلەن ئېچىشقا نىسىپ قىلىنىشىمىز بىرەر تەساددىپىلىقمىدۇ؟).
ناۋادا بۇ تەرجىمەم كىتاب ھالىتىدە بېسىلىشقا توغرا كەلسە، كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ھىتلېرغا خاس دەۋرلەر بويىچە 4 كىتابقا بۆلۈپ ئىسىم قويۇپ قويدۇم. بۇ كىرىش سۆزۈم بىلەن ئۇ.ت دەپ ئەسكەرتىلگەن ئىزاھاتلىرىمنى تەرجىمە ھوقۇقىم ساقلىنىش شەرتى ئاستىدا قىسقارتىش، ئۆزگەرتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش نەشرىياتلار ئىختىيارىدا. ۋە ئاخىرقى بىر ئەسكەرتىشىم: بۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمە كىتاب نۇسخىسى، قانۇنلۇق نەشرى قىلىنىشتىن بۇرۇن ھېچ بىر تور بېتىنىڭ مونوپول قىلىۋېلىشىغا ئۇچرىماي تور بەتلىرىدە ئەركىن تارقىلىشىغا ئۇيغۇرچە تەرجىمان نارازىلىق بىلدۈرۈش تۇرماق ئەكسىنچە ئارزۇ قىلىدۇ.
— ئا. ئابدۇلھەق بوران - 2015
CONTENTS
List of Maps &Tables P vii
Prologue-Stab in the Back P xiii
Part 1 I, Visionary
1. Deep are the Roots 1889-1907 P 3
2. ‘The School of My Life’ December 1907-1913 P 28
3. ‘Overcome with Rapturous Enthusiasm’ May 1913-November 1918 P52
Part 2 In the Beginning Was the Word
4. Birth of a Party 1919-1922 P 93
5. ‘Such a Logical and Fanatical Man’ 1922-1923 P 122
6. The Beer Hall Putsch 1923 P 146
Part 3 A Mind in the Making
7. In Landsberg Prison 1923-1924 P 181
8. Hitler’s Secret Book 1925-1928 P 205
9. A Death in the Family 1928-1931 P 233
Part 4 The Brown Revolution
10. ‘It is Almost Like a Dream’ 1931-January 30 1933 P 259
11. An Unguarded Hour 1933-June 1934 P293
12. The Second Revlution – ‘All Revolutions Devour Their Children’
February-August 1934 329 13.Triumph of the Will 1934-1935 P359
Part 5 War in Masquerade
14. ‘With the Assurance of a Sleepwalker’ March 1936-January 1937 P 387
15. ‘Such a Little Human Worm’ 1937-February 1938 P 412
16. The Return of the Native February-April 1938 P432
17. ‘On the Razor’s Edge’ May-October 1938 P 459
Part 6 ‘To the Very Brink of Boldness’
18. Crystal Night November 1938-March 1939 P 501
19. The Fox and the Bear January-August 1939 P 521
20. ‘A Calamity Without Parallel in History’ August 24-September 3.1939 P 550
Part 7 By Force of Arms
21. Victory in the West September 3.1939-June 25.1940 P581
22. ‘Ev’n Victors by Victory are Undone’ June-October 28.1940 P 619
23. ‘The World will Hold its Breath’ November 12.1940-June 22.1941 P 643
24. ‘A Door into a Dark, Unseen Room’ June 22-December 19.1941 P 673
Part 8 The Fourth Horseman
25. ‘And Hell Followed with Him’ 1941-1943 P 701
26. The Family Circle 1943 P 733
27. ‘And with the Beasts of the Earth’ April 1943-April 1944 P 757
Part 9 Into the Abyss
28. The Army Bomb Plot November 1943-July 21.1944 P777
29. The Battle of the Bulge July 21.1944-January 17.1945 P 823
30. ‘The Time We Must Not Surrender Five Minutes Before Midnight’
January 17-April 20.1945 P 844
31. Five Minutes Past Midnight, or ‘The Captain Also Goes Down With His Ship’ April 20-30.1945 P 864
Epilogue P 892
Acknowledgements P 899
Glossary P901
Sources P 906
Notes P 924
Index P 1012
List of Maps & Tables
Map – Germany Between the Wars – page 8-9
Map – Europe Under Hitler – page 10-11
Hitler’s Family Tree – after page 9
Victory in the West – page 606
The Mediterranean – page 632-633
The Russian Front – page 681
Table of Ranks – page 904
John Toland
Adolf Hitler:
The Definitive Biography /1976
Wordsworth Editions /1997
从乞丐到元首
1945~1479
作者:约翰•托兰
郭伟强 译