تۇرپاندىكى قەدىمكى قەبرىدىن تېپىلغان يېمەكلىكلەر

يېمەك – ئىچمەك — ئىنسانلارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئېھتىياجى ، شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ . مۇقەررەركى ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ . ھەر بىر مىللەت ئۆزلىرى شوغۇللانغان ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ، تۇرمۇش شارائىتى ، دىنىي ئېتىقادى ، ئەنئەنىۋى كۆز قارشى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە ، يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدلىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن . شىنجاڭدا ئۆتكەن قەدىمكى ئەجدادلارنى ئالساق ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش يولىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى جەريانىدا ، تەبىئىي نەرسىلەرنى يىغىپ ئوزۇقلىنىشتەك ئىپتىدائىي ھالەتتىن تەدرېجىي ھالدا ئوۋچىلىق ، كۆچمەن چارۋىچىلىق ھاياتىغا قەدەم قويۇپ ، گۆش ، سۈت قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىدىغان بولغان . بولۇپمۇ ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ ، قەدىمكى ئەجدادلار ئوتتىن پايدىلىنىپ يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن . ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، ئىنسانلارنىڭ پىششىق ئوزۇقلۇق تەييارلاشتىكى ئەڭ دەسلەپكى ئۇسۇلى خام گۆشنى قىزىتىلغان تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قاقلاپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغان ، كېيىنچە دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، بىۋاستە ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇشتىن زىقلىق كاۋاپ بارلىققا كەلگەن .
ھەممىگە ئايانكى ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرى شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ياشاش مۇھىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . مەسىلەن ، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ، گۆش ۋە سۈتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ ؛ دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرى ۋە كۆكتات قاتارلىقلار قوشۇمچە يېمەكلىكلەر قاتارىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ . ئەمما ، دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان مىللەتلەر دانلىق زىرائەت ، كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋە قاتارلىق يېزا ئىگلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قاتارىدا ئىستېمال قىلىپ ، گۆش ، سۈت قاتارلىق چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى قوشۇمچە يېمەكلىك قاتارىدا ئىستېمال قىلىدۇ . قەدىمكى ئەجدادلارمۇ ئوۋچىلىق ۋە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللانغان دەۋرلەردە گۆشنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىپ ، دانلىق زىرائەتلەر ئىستېمالىنى قوشۇمچە ئورۇنغا قويغان . ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇھىتقا ئاساسەن ، مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ ، دېھقانچىلىق بىلەن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇھىتقا ئاساسەن ، مۇقىم ئولتۇراقلىشىو ، دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ، دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلىش ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتكەن .
شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگيىلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىشلاردا بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قارىغاندا ، شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلار ‹‹ تارىختىن ئاۋۋالقى مەدەنىيەت دەۋرى ›› دە ئوۋلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرى ، ياۋايى مېۋىلەر ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇقلۇق قىلغان . ئۇلار ‹‹ مەدەنىيەتلىك دەۋر ›› گە قەدەم قويغاندىن كېيىن بولسا ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدە زور ئۆزگىرىش بولۇپ ، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھەمدە پائالىيەت دائىرىسىمۇ كېڭەيگەن . شۇنداق قىلىپ ، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلار ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي شارائىتى بويىچە ، چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلىپ ، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن . تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەجدادلار بولسا ، ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي شارائىتى بويىچە تەدرېجىي ھالدا مۇقىم ئولتۇراقلىشىش تۇرمۇشىغا قەدەم قويۇپ ، دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن . يەنە بەزى يەردىكى ئەجدادلار شۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتى بويىچە ، چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنى بىرگە ئېلىپ بارغان . شۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەردە شىنجاڭدىكى ئەجدادلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىگلىكىدە خېلى زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ ، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە يېڭى تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرغان . ئەسلىدىكى چارۋىچىلىق ، دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە يەنە باغۋەنچىلىك ۋە قول – ھۈنەرۋەنچىلىك ئىگىلىكى قوشۇلۇپ ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن . بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى ئەجدادلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك قۇرۇلمىسىدىمۇ تەدرېجىي ھالدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ، بىر قەدەر مۇكەممەل ئوزۇقلىنىش ئادىتى — يېمەك –ئىچمەك مەدەنىيتى شەكللەنگەن .