مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1139|ئىنكاس: 12

مىنىڭ ئۈچىنچى يازمام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12379
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1922 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-20 12:31:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىنىڭ ئۈچىنچى يازمام

10000000000000000 ئەگەر بۇ يۇقىرى قىممەتلىك ساننىڭ ئالدىدىكى 1 نى ئىلىۋەتسەك بۇ سان زادى نىمىگە تەڭ؟

 دىمەككى بۇ 0 تەڭ، يەنى ھىچنەرسىگە تەڭ ئەمەس،گەرچە بۇ يەردە شۈنچە كۆپ نۆل قالغان بىلەنمۇ، بۇ يەنىلا ھىچنەرسىگە تەڭ ئەمەس،كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بۇ يۇقىرى قىممەتلىك ساننىڭ جان تومورى پەقەتلا بىر .

ئۇنداقتا ئويلاپ باقايلى، بىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىمىزدا، بىز ئۈچۈن نىمىلەر ئەڭ قىممەتلىك؟...

شۇ قىممەتلىك نەرسىلەر ئىچىدىكى، بىز ئۈچۈن جان تومور ھىساپلىنىدىغىنى نىمە؟...

ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزدۇر. ئەگەر بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزدىن مەسىلە كۆرۈلىدىكەن،بىزنىڭ تۈگىمەس پۇل ۋە مال دۇنيارىمىز،ئىلىپ قويغان ئىسىل- داچا ۋە ماشىنىمىز ھەممىسى، بىز ئۈچۈن نىمىگە تەڭ؟

 بۇ ۋاقىتتا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەزىز ئاتا-ئانا،بالا-چاقا ۋە يىقىن دوست بۇرادەرلىرىمىز ،ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز شۇنداقلا يۈرىۋاتقان ئوماق موھەببىتىمىزدىن،سۆيگىنىمىزدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرمىز.

شۇڭا بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى، بىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەرنىڭ جان تومورى، بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزدۇر.

چۈنكى بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز ۋە سالامەتلىكىمىز بولغاندىلا، بىزنىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىمىز كاپالەتكە ئىگە بولالايدۇ.

شۇنداق بولغان ئىكەن بىز چوقومكى سالامەتلىكىمىزگە كۆڭۈل بۆلىشىمىز كىرەك.

ئۇنداقتا سالامەتلىكىمىزگە دىققەت قىلىش ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىمىز؟

مەن بۇ توغورلوق ئۆزۈم بىلگىنىمچە قىسقىلا توختۇلۇپ ئۆتىمەن،كام ۋە كەمتۈك تەرەپلىرىنى دوسلىرىمنىڭ تولوقلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

بىز سالامەتلىككە دىققەت قىلىش ئۈچۈن،ئەڭ ئالدى بىلەن مۇۋاپپىق ئوزوقلوققا،بەدەن چىنىقتۇرۇشقا،مۇۋاپپىق دەم ئىلىشقا ۋە باشقىلارغا دىققەت قىلىشىمىز كىرەك.

بىز بۇ يەردە ئەڭ ئالدى بىلەن، قورساڭ تويغۇزۇشقا دىمەستىن، مۇۋاپپىق ئوزوقلوققا دىدۇق،چۈنكى قورساق تويغۇزۇش مۇۋاپپىق ئوزوقلوق تولوقلىغانغا تەڭ ئەمەس.

بىزنىڭ تاماق يىيىشتىكى مەخسىتىمىز چوقومكى ئادەم بەدىنىگە كىرەكلىك بولغان ئوزوقلوق ماددىلارنى تولوقلاش ئۈچۈن بولىشى كىرەك.

ئۇنداقتا ئادەم بەدىنىگە كىرەكلىك زۆرۈر ئوزوقلوق ماددىلار قايسى ؟

بۇنىڭ 1) سۇ 2) ئاقسىل 3) ماي 4) ۋىتامىن 5) مىنرالنى ماددىلار ۋە باشقىلار...

    دىمەككى ئادەم بەدىنىگە كىرەكلىك زۆرۈر ئوزوقلوق ماددىلارنىڭ 1-سى سۇ.

كىتاپخانىدا ‹سۇ ئادەم بەدىنىگە بىرىنچى دورا › دەپمۇ بىر كىتاپ بار.

ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان بۇ ئوزوقلوق ماددىنى ئەڭ نامرات ۋە كەمبەغەل ئادەممۇ تولوقلاش ئىمكانىيتىگە تولوق ئىگە ئەلۋەتتە.

بىز ئادەتتە يەيمىز، ئىچىمىز ئەمما بۇنىڭ، ئادەم بەدىنىگە كىرەكلىك ئوزوقلوق ماددىلارنى تولوقلاش ئىكەنلىگىنى ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيتىدىكىلەردىن بىلىدىغىنى زادى قانچىلىكتۇ؟

 ئەمما يىمىسە،ئىچمىسە ئۆلىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ .

ھازىر بىز ئۇيغۇر جەمىيتىدە ئەۋج ئىلىۋاتقان، يۇقىرى قان بىسىم كىسەللىكلىرى،قاندا ماي ئارتىپ كىسەللىكلىرى زادى نىمە سەۋەپتىن كىلىپ چىقىۋاتىدۇ؟ بۇ سەۋەپتىن كىلىپ چىقىۋاتقان پارالىچ،مىڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىق ئەگەشمە كىسەللىكلىرىچۇ ؟

ھەر قايسى چوڭ-كىچىك دوختۇرخانىلاردا،ۋەجەمىيتىمىزدە بۇ كىسەللىكلەر بىلەن يىتىۋاتقان ۋە ئۆلىۋاتقانلار ئادەمنى تولىمۇ ئىچىندۇرىدۇ.

ھەتتا مىنىڭ ئىككى چوڭ دادام ۋە بىر چوڭ ئاناملارمۇ مۇشۇ يىقىندا دەل مۇشۇ كىسەللىكلەر بىلەن ۋاپات بولدى.

كىسىپ ئىيتىمەنكى، بۇ دەل ئوزوقلوققا دىققەت قىلماسلىقتىن كىلىپ چىقىۋاتقان مەسىللەردۇر.

ھەممەيلەنگە ئايان، بىزنىڭ ئۇيغۇر يىمەك- ئىچمەكلىرىمىزنىڭ ئوزوقلوق قىممىتى شۇنچە يۇقىرى تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن يەنە مۇشۇ ئوزوقلوقتىن بۇنچە چوڭ مەسىللەر كىلىپ چىقىدۇ؟

مەسىلەن بىز ئەڭ ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان، پولونى مىسال قىلىپ ئىيتساق، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى گۆش،ماي،گۈرۈچلەر ئاقسىل ۋە ماي تولوقلىسا، سەۋزە ۋە باشقا قوشومچە سەي كۆكتاتلار ۋىتامىن تولوقلايدۇ ۋە بەدەندىكى ماينى يەيدۇ.

ئەمما يىقىنقى يىللاردىن بۇيان يەرگە ئىشلەتكەن خىمىۋى ئوغوت شۇنداقلا پارنىكتا ئۆستۈرگەن كۆكتاتلار،مىۋە-چىۋىلەر ۋە باشقا سەۋەپلەر بىلەن بىز ئىستىمال قىلىۋاتقان يىمەكلىكلەر، بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى زۆرۈر ئوزوقلوق ماددىلارنى تەمىنلەپ بىرەلمەيۋاتىدۇ.

ئەگەر سىز دوختورلوق كەسپىدە ئوقوپ، ئاناتومىيە دەرىسىنى ئاڭلىغان بولسىڭىز، ئادەم بەدىنىنىڭ شۇنچە مۇرەككەپ ۋە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە شۇنچىلىك مۇكەممەك ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.

نورمال بىر ئادەم بەدىندىكى تومور، شۈنچە چوڭ يەر شارىنى ئۈچ يۆگەشكە يىتىدۇ دەيدىكەن،ھەم بىزنىڭ بىر كۆزىمىدىكى تومورنىڭ سانى 18 مىڭدىن ئارتۇق.بىلىنىپ تۇرۇپتىكى، بۇ تومورلار شۇنچىلىك كىچىك، شۇنچىلىك ئىنچىكە.

ئەمدى بىز يەۋاتقان يىمەكلىكلەر. مەسىلەن پولو دىسەك، ئۇنىڭ تەركىنىدىكى گۆش،مايلار بىلەن بەدىنىمىزدىكى ئوزوقلوق ماددا، ماي تولوقلاندى،ئەمما بىز يەۋاتقان كۆكتات ۋە مىۋە چىۋىلەر بىلەن شۇ بەدىنىمىزدىكى ئارتۇق ماينى يەيدىغان ۋىتامىن تولوقلاندىمۇ؟

ياق...

بايا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، خمىۋى ئوغوت ۋە پارنىكتا ئۆستۈرگەن،كۈن نورىنى تولوق كۆرمىگەن،ئوزوقلوق قىممىتى تولوق بولمىغان، كۆكتات ۋە مىۋە چىۋىلەر بىلەن، بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى يەنە باشقا زۆرۈر بولغان ئوزوقلوق ماددىلار تولوقلانمىدى،شۇ سەۋەپلىك بەدىنىمىزدىكى شۇنچىلىك كىچىك بولغان تومورلىرىمىزغا ماي ئۆتىۋىلىپ، ئەسلىدىنلا كىچىك بولغان تومورلىرىمىزنى يەنىمۇ كىچىكلىتىۋەتتى،شۇ بىر نەرسە ئەقىلگە ئۇيغۇنكى تومورىمىزغا ئۆتىۋالغان بۇ مايلارنى ئوپراتسىيە ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئىلىۋىتىش مومكىن ئەمەس،شۇنىڭ بىلەن يۇقىرى قان بىسىم كىسەللىكلىرى،قانغا ماي ئۆتۆپ قىلىش،مىڭىگە قان چۈشۈش ۋە باشقا ئەگەشمە كىسەللىكلەر بىزگە تەھتىد ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ.

مەن جانىجان قىرىداشلىرىمنىڭ، دوسلورۇمنىڭ ۋە ھەممەيلەننىڭ تېنىنىڭ سالامەت،تۇرمىشىنىڭ خۇشال،ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن،قىممەتلىك ھاياتىنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك ئۆتىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن.

مەن نەچچە كۈدىن بىرى ئىزدىنىپ، بۇ توغورلوق تىما يوللاشنى ئويلىغان بولساممۇ، بۇ بىر نەچچە كۈن جەريانىدىكى ئائىلىمىزدە يۈز بەرگەن بەزى بىر ئىشلار ۋە خىزمىتىمنىڭ بەك جىددى بولوپ قىلىشى سەۋەپلىك ،بۇ توغورلوق ئىزدىنىشكە قەتئي ئىمكان بولمىدى.

بايا يەنە شۇ مىنىڭ تۇنجى يازمام ۋە ئىككىنجى يازمامنى يىزىشىمغا،كىسىپ ئىيتقاندا مىنىڭ تور دۇنياسىغا تىما ۋە ئىنكاس يىزىشىمغا تۈرتكە بولغان قىرىندىشىمنىڭ پىكىرى بىلەن بۇ يازمامنى تەييارلىقسىزلا جىددىيچىلىك ئىچىدە يازدىم،

بۇ يازمام مەن يازماقچى بولغان نىشانىمدىن بەكمۇ يىراقتا قالدى،ئەمما مەن شۇ دوستۇمنىڭ پىكىرىنى يەردە قويوشقا قەتئى كۆڭلۈم ئۇنىمىدى.شۇڭلاشقا يازمامنىڭ تولىمۇ كەمتۈك ۋە خاتالىقلارنىڭ بولىشى تەبى،ئەمما بۇ يازمامنىڭ قىرىنداشلىرىمغا ئازراق بولسىمۇ پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ بولىدىغىنىغا شۇنداقلا مۇنبەردىكى قىرىنداشلىرىمنىڭ كەم ۋە خاتا تەرەپلىرىنى تامامەن تولوقلىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .

ئاللاھ ئىگىمىز سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

2010.8.19

 

 

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...

يار كىتىدۇ،يارى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6573
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8356
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2010-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-20 12:39:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز بەك  ئوماقكەنسىز.......خىيالىڭىزنى دىمەكچى .....
لكىن ، مەن ياقتۇردۇم ،پىكىر يولىنىشى ئۇزگىچە

ئەسەبىمنى چىقارما،كۇزلىرىمگەقاراپ خىيال  سۇرمە!

تۇنۇگۇن-ئۆتمۈش،

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1720
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10943
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-20 12:43:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزدىن شۇنى ھىس قىلدىمكى <<مىڭ مىسقال داۋالانغاندىن، بىر مىسقال ئالدىنى ئالغان ئەۋزەل>>كەن.
بولسا تىبابەت ھەققىدە بۇلۇپمۇ ساغلاملىق ھەققىدە كوپرەك تىما يوللاپ، مسرانىمنىڭ بۇ  جەھەتتىكى بۇشلۇقنى تولدۇرشىڭىزنى ئۇمىت قىلمەن.

سەن ھەر قانچە يالغانچى ئادەم بولساڭمۇ لىكىن ساڭا ئىشىندىغان ئادەمگە ھەرگىز يالغان گەپ قىلما.
باھار يا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-20 12:51:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھايات ئادەمگە پە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2175
يازما سانى: 1587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15482
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 6766 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-20 12:51:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى توغرا تەھلىل قىپسىز، يۇقىرى قان بېسىم،  قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ ئېشىپ كىتىشى قاتارلىق مۇشۇ كىسەللەر داۋالاپ ئۈزۈل-كىسىل ساقايتقىلى بولمايدىغان كىسەللەر بۇلۇپ قالدى. شۇڭا ھەممەيلەن سالامەتلىكىمىزنى ياخشى ئاسرىشىمىز زۆرۈر.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1420
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19848
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 8653 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-20 01:02:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ . ئادەمدە ئاۋال ساغلام تەن بولغاندىلا ھەممە ئىشلارنى قىلغىلى بۇلىدۇ . شۇنىڭدەك ساغلام تەن بىلەن بىرگە ساغلام روھ بۇلۇش كېرەك . ئىجادىيىتىڭىزگە تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن .

قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12379
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1922 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-20 01:23:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ توغورلوق ئەسەر يىزىشنى ئويلىغىلى تىخى نەچچە كۈنلا بولدى،ئەسلىدە مەن بۇ توغورلوق  ماتىرىيال كۆرۈپ ،ئىزدىنىپ ياخشىراق يىزىپ چىقىشنى ئويلىغان،ئەمما بايا مەن ئپتار قىلىپ بولوپ، قايتاي دەپ تۇرغىنىمدا مىنى مۇنبەر ۋە تىما دۇنياسىغا ئەكىرگەن دوستۇم، مىنىڭ بۈگۈن ئەتە ئىچىدە بىرەر تىما يوللىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىغىنى دىدى، ئەتە توردا بولالىشىم مومكىن ئەمما ئالدىراش بولوپ قالىمەن،ھەم بۇ نەچچە كۈن توردا بولالمايمەن،شۇڭا ئۇ دوستۇمنڭ كۆڭلىنى قايتۇرۇشنى پەقەت خالىمىدىم ھەم  بۈگۈنلا يىزىش قارارىغا كەلدىم.ئويلاپ باقسام يازماقچى بولغان باشقا تىمىلىرىم بىر ئاز ئۇزۇن شۇڭا قىلچە تەييارلىقسىز ۋە جىددى ھالەتتە ئۇشبۇ يازمامنى يازدىم،گەرچە بۇ ئۆزۈم ۋە سىزنىڭ ھەم مۇنبەر جامائىتىنىڭ كۈتكىنىدىن يىراق بولسىمۇ لىكىن مەن ئۆزىمىزنىڭ ساغلاملىقىمىزنىڭ موھىملىقىنى دوستلىرىمغا تومتاق بولسىمۇ،ئازراق بولسىمۇ ھىس قىلدۇرالىغۇدەكمەن ھەم بۇنىڭ كەم ۋە خاتا تەرەپلىرىنى مۇنبەر ئەھلىنى تولوقلىيالايدۇ دەپ قاراپ يوللىدىم.
بۇيازمامنىڭ كەم ۋە خاتا تەرەپلىرىنىڭ بارلىقى ماڭىمۇ ئايان،شۇڭا مۇنبەر ئەھلىنىڭ تولوق پۈتمىگەن،ئۆز نىشانىمدىن يىراق بولغان بۇ چولتا يازمامنى يوللىغىنىمنى ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن.
ئەمما مەن قانداقلا بولمىسۇن ئۆزۈمنىڭ قىرىنداشلىرىمغا، ساغلامنىڭ موھىملىقىدىن ئىبارەت بىر موھىم ھەقىقەتنى تونىشىغا ياردەم بىرىشتىن ئىبارەت مەخسىتىمگە يىتەلىدىم دەپ قارايمەن.

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...

ئەسسالامۇ ئەلەي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1911
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9504
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 324 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-20 01:25:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساغلام تەندە ساپ ئەقىل. ساغلاملىقىمىزنى ھەر دائىم ئاسراپ، ساغلام تۇرمۇش بەرپا قىلايلى.
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

http://www.qarqan.biz/bbs/Default.asp

بىردەملىك تاقەت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2025
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21376
تۆھپە نۇمۇرى: 734
توردا: 4929 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-20 01:26:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسز  قۇلىڭىزغا دەت كەلمسۇن . ھەقىقەتەن  پايدىلنىشقا لايىق تىمىكەن رەخمەت قېرىندىشىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5920
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8141
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2011-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-20 01:40:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ چوڭلارمۇ ۋاختىدا دوختۇرخانىغا بارغىلى ئۇنىمايدىكەن ئغرلىشىپ يىتىپ قالغاندا ئاندىن دوختۇرغا يۈگرەيدىغان گەپ.ئەسلىدە  كىسەل كىچىك ۋاقىتتا دوختۇردىن مەسلىھەت ئىلىپ ئىغىرلىشىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك ئىدى.  [s:35]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش