Sebr:
پەي يەڭگىل بولغاچقا ئۇچارھاۋادا،
تاش ئېغىر بولغاچقا تۇرار قىيادا.
پەيدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ ئىنسان،
يەڭگىللىك ئىللىتى بولسا ناۋادا.
52arslan:
ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ!
Uyghur05:
جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.
Alanwar:
پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!
Bugaltir:
قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولىدۇ .
.
Lawa0998:
قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
Abdulahad:
كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
ئالماس:
ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.
ئۇچارى:
ئادەم ئالەمگە تىركى بىلەن بازارنى ئۆلىكى بىلەن مازارنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئەمەس . ھايات دىمەك ___ كۆرەش دىمەكتۇر .
سۇمەييە:
ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا.
Nazurgum:
شۇنچە كۆپ ھەرىلەر بىر كۆنەكتە بىر-بىرىنى چېقىشمايدىكەن،
ۋە لىكىن ئادەملەر بۇ دۇنياغا پىتىشمايدىكەن.
Nawkeran:
دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ، ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.
مارشال:
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى رايىش ۋە تىنچ كېلىدۇ،ئېلىشقا تېگىشلىك ھېساب-كىتابنىمۇ ئاللانىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ.
-مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى
Arkenkaxka:
سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر.
1kilixkan:
ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.
Milyonir:
ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر .
ئويلان ئۇيغۇر مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ بىر .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر ، دىنىڭ بىر .
ئويلان ئۇيغۇر قاچان بولۇر دىلىڭ بىر .
Aygul517:
مۇسۇلمانلارنىڭ نىشانى ئاللاھ ئۈچۈن ياشاش ، ئاللاھ ئۈچۈن ئۆلۈش ، قانداقتۇر بايلىق ، مەنسەپ ۋەياكى بىرەر گەۋدە ئۈچۈن ياشاش ۋە ئۆلۈش ئەمەس !
Arkzada:
ھاياتنى دائىم ئۆزۈڭ ئېگە بولالمىغان بىرەر نەرسىگە شەيدا بولۇپ ئۆتكۈزىشىڭ كېرەك. ئىنسان يۈكسەكلىككە تەلپۈنگەندە تېخىمۇ مۈكەممەللىشىدۇ.
Saltanat:
ﻧﺎن ﺑﻪرﮔﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎلاﻳﻤﺎڭ،
ﻛﻮر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﻛﯚزﯨﯖﯩﺰ،
ﺗﻮﻏﺮا ﺳﯚزﻟﻪڭ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺷﻮر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ يۈزﯨﯖﯩﺰ،
ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰﻛﯚپ ﻳﻮﻟﻠﯩﻤﺎڭ،
ﮬﻮر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﻳﯜزﯨﯖﯩﺰ،
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺰﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن،
ﻗﺎﺷﺸﺎق دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ.
Bagu-bostan:
بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.
مەنبە :مىسرانىم مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:مۇنبەردە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەزا بولغاچقا ھەممە ئەزالارنىڭ ئىمزالىرىنى توپلاپ بولماق ئاسان ئەمەس،مۇشۇ ئىمزالىرنى توپلاش ئۈچۈنمۇ خېلى كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلدىم، تەتىلدە ۋاقىت چىقىرىپ ،يەنە قالغانلارنىڭ ئىمزالىرىنىمۇ توپلايمەن اللاھ خالىسا،ئىمزاسى يوقلار رەنجىمەي تۇرڭلار...
تۆۋەندىكى ئادرېستىكى بۇرۇن توپلانغان ئىمزالار...
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-83597-1-1.html
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-70157-1-1.html
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-61809-1-1.html
بۇ تېمىدا ھېچبىر يېڭىلىق يوقتەك بىلىنسىمۇ،بىراق ھەر بىر مۇنبەرداشنىڭ ئىمزاسىدىن ئۆزگىچە بىر خىل ھېكمەت چىقىپ تۇرىدۇ،بۇ ھېكمەتلەر بىزگە ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىدۇ.....
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-9 02:44 AM