ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار،ھەممىڭلار تېچلىق تۇردۇڭلارمۇ؟ھەممىڭلارنىڭ روزى كۈنلىرىڭىلار ياخشى ئۆتكەي،خېلى بوپتىكەن،مۇنبەرگە تېما يوللىمىغىلى، بۈگۈن خېلى كۆپ ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ، مۇنبەرداشلارنىڭ نادىر ئىمزالىرىنى توپلاپ چىقىپ ،ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم ،قالغان مۇنبەرداشلارنىڭمۇ ئۆزلىرى ياقتۇرغان نادىر ئىمزالارنى ئىنكاس سۈپىتىدە يوللاپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن....
Aptuwa:
مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل.
رەھىمى :
ئۆزىگە تايانغان كۈچلۈككە،باشقىلارغا تايانغان كۈچۈككە ئايلىنىدۇ.
Sargarda:
ۋاقىت ئىسراپ قىلىش ـ قانۇن تەرپىدىن جازالانمايدىغان جىنايەتنىڭ بىر تۈرى ....
gulmaxuk:
ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى غەزىپىڭگە يۇلۇققانلارنىڭ ۋەئازغانلارنىڭ يۇلىغا ئەمەس،سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن. ئامىن!!!
nazila998:
كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
Uyghur053:
بەزىلەر ھەۋەس قىپ ئېيتىدۇ غەزەل،
خىيالغا غەرق بولۇپ ياشار بىر مەھەل.
ۋە لىكىن رىياللىق باقماس خىيالغا،
قايمۇققان شۇ نادان تۆلەيدۇ بەدەل.
Sazguri:
سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم.
Tomurkala:
مەن دىدىم:رەببىم ئۈچۈن ياشايمەن.بىراۋ دىدىكى:پۇل ئۈچۈن ياشايمەن!
Dihan.balsi:
زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ زۇلمى قىيامەت كۇنى ئوزى ئۇچۇن قاراڭغۇ زۇلمەت بۇلىدۇ .
ئالماس:
ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.
: Elijan
مايماق بۇلۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
يىغا ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.
rinatcn:
ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولىدۇ.
katran:
رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!
Tughrul:
قۇياش يېيىشكە بولمايدىغان نان ،
ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .
Nurluk28 :
نۇر چېچىشنى بىلمىگەن ئىنسان مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشايدۇ.
gulsumay:
ھەممە رەزىللىكلەرنى،يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن‹رەھىمسىز دۇنيا›دەپ قويىمىز.رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە رەھىمسىزلىك كەلسۇن؟!...
Bayavan:
سۇمبۇل چاچلار ، ئەگىم قاشلار ئات - ئېشەكتىمۇ بار ، نوچى بولساڭ مېتالدىن قوشۇقچىلىك نەرسە ياساپ كۆر ، شۇندا سېنى دۇنيا ئېتىراپ قىلىدۇ .
Kutalqesi:
ئاتا-ئانا بولماق بىردەملىك، ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك.
Hislet:
ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۆئىمىننىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئىمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!
Bayhenim :
بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل ...
teniq@@:
سۈرەتكە تولۇپتۇ كۈنلەر ئالبومى،
ئاختۇرساڭ بەرى بار ياخشى ياماننىڭ.
ئاقىدۇ بەزىدە شارقىراپ دەريا،
گاھ سۇلار يولىدۇر ئاستى ساماننىڭ .
Honzade:
دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!
Joda:
دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس!
Feroza:
ئالقىنىڭنى كەڭ ياي ، ئۇنىڭدىن تۆكۈلگەن رەھمەت نۇرلىرى ، سىېنىمۇ ، كىشىلەرنىمۇ خۇش قىلسۇن.
Qabiljan:
قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
Aptap104:
ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقار دېگەن ھايۋان ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
Afxar :
ئادەم چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولمايدۇ، بەلكى سۆيۈملۈك بولغاچقا چىرايلىق بۇلىدۇ.سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن بىرلا يول بار ،ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش.باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۇنچىۋالا ئۇڭاي ئەمەس ...
Kalgundi:
بۇ مىللەت بەك بۇزۇلۇپ كەتتى.ئەمما ئۇنچىلىك ئەمەس.ھەممە ئىشقا ماقۇل دەيلى.بۇلاڭچىقا بوپتۇ مەيلى دەيلى. ئوغرىغا بوپتۇ مەيلى دەيلى. قويمىچىغا بوپتۇ مەيلى دەيلى . قانخورغا بوپتۇ مەيلى دەيلى. ئەمما لىكىن نۇمۇسسىزغا كەلگەندە توختا.
Baturana:
تۈلكىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن،يولۋاسنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەلا.
خۇدانى ھەقىقى بىلگەن كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا،خەق كۆرمىدى دەپ ئۆزنەپسىگە چوغ تارتالمايدۇ.
شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ.(مىللىتىم)ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!
Kurax114:
ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر.
مەنبە : مۇنبەرداشلار ئىمزاسى
نادىر ئىمزالار مۇنبەردە ئېسىل توپلام بولغۇسى ۋە ھەر بىر ئىمزادىن بىر ھېكمەت تامچىپ تۇرىدىغان بۇ ئېسىل ئىمزالار ئەقىل بۇلقىمىزنى تېخىمۇ ئاچقۇسى......