مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: musilina

نادىر ئىمزالارنى توپلاپ باقامدۇق؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59309
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3208
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1802 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 12:11:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىق 99

مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمگە ئامراق،
بىر جۈپ ئىككى كۆزۈمگە ئامراق.
بىر جۈپ ئىككى كۆزۈم، ئۆزۈمدىن،
ئەلگە ياققان تۈزۈمگە ئامراق.
ئىمزا قويىدىغان يەرنى ئىزدەپ تاپالمىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kizzik99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-25 12:13 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78230
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3134
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 12:25:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن دوسلار بۇنىڭغا ئانچە دېققەت قىلىپ كەتمەيدۇ ، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە . بۇ ئىمزالارنى ھەر بىرسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق چۇڭقۇر مەنىسى بار . خۇددى ماقال -تەمسىل توپلىمىغا ئوخشاش ياخشى يىغىپسىز . ئەقلىڭىزگە بارىكاللا ، ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز .

نۇر چېچىشنى بىلمىگەن ئىنسان مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشايدۇ.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6584
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 37040
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2820 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 12:31:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tax1 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-25 10:19 AM
مېنىڭ ئىمزايىممۇ ياخشى ئىدى.

قايتا -قايتا يازغان ئىنكاسىڭىزدىن ئىمزايىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن ياخشىلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم...

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

سۇ‹‹ھۈممە››

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50914
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3904
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 12:48:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوتخور:
ۋاقىت  ئۆتمەكتە   بىزلەرگە   باقماي،
جاھانغا نەزەر سال قورساقنى باقماي.
تەكەببۇر  بولمىغىن  دەۋىر  ئالدىدا
كەمسىتمە بىراۋنى ،ھالىڭغا  باقماي .


مىنىڭ ئىمزايىمنى يازلىق تەتىلگە قۇيىۋېتىپسىلەدە،بۇ ئەتراپتا كۈرۈنمەيدىغۇ؟؟؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   su1989 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-25 12:49 PM  


[b]*بىركۈن ئۆز ئىشىمنى داۋاملاشتۇرمىسام سەۋىيەم چىكىنىدۇ،ئىككى كۈن مەشىق قىلمىسام ئۆزتەڭتۇشلىرىمدىن كىيىن قالىمەن،ئۈچكۈن داۋاملاشتۇرمىسام باشقىلارغا قۇل بۇلۇپ قېلىشىم مۇمكىن![/b]
*ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل،قۇۋەت تالقىنى بىلەن كىرمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 340 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 01:00:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر ئىمزالار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەسكەن جۇمۇ

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24430
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5479
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 953 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2013-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 01:02:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما تېمىغا شۇنچىلىك ئىنكاس يازغۇم باتتى .لېكىن يەنىلا سۈكۈتتە تۇراي..........

ئادەم چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولمايدۇ، بەلكى سۆيۈملۈك بولغاچقا چىرايلىق بۇلىدۇ.سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن  بىرلا يول بار ،ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش.باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۇنچىۋالا ئۇڭاي ئەمەس ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6787
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 78710
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7589 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2013-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 01:06:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bugaltir يوللىغان ۋاقتى  2012-7-25 07:43 AM
مېنىڭ  ئىمزايىم   :

                  پۇل تۇتتۇڭ  ،  ئوت  تۇتتۇڭ    ...

پۇلنى ئوتنى تۇتقاندەك تۇتماي ، قەغەزنى تۇتقاندەك تۇتۇڭ. شۇ چاغدا كەسىپكە ئوت كەتمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4099
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17448
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1483 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 01:08:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆرسەتمىلىرىگە  رەھمەت    .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئۈزىڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى ش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4943
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12962
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1578 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 01:12:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ئىمازايىم نادىرلار قاتارىغاكىرەلمەپتۇ-دە

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

مىنىڭ ئاتىمنى قۇيۇپتۇ ئاتام ھەيدەر،
دۈشمەن قىزىنى ئەسىر ئالمىسام ئاللاھۇ ئەكبەر!!!

كۆزۈمنىڭ نۇرىسەن~

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10903
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10305
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2012-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 01:37:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان  ، ئىمزا قىلسا بۇلىدۇ دەپ قارىغانلارنى يوللاي قۇياي :

قىزلار بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا خاتا خەت يېزىلىپ قالسا، ئۆچۈرگەن تەقدىردىمۇ ھامان ئىز قالىدۇ.

سەن كۈلسەڭ پۈتۈن دۇنيا كۈلىدۇ، سەن يىغلىساڭ دۇنيادا بىر سەنلا يىغلايسەن . ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزايلى !!

قىز بالا ھاياسىز بولسا،ئۆزىنىڭ قەدرى-قىممىتىنى ساقلىمىسا،مەڭگۈ ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدا خار-زار بولۇپ ئۆتىدۇ.

ئۇيغۇر ، ئۇيغۇردەك ياشىغىن مەغرۇر،   
ھەممىدە بولمايدۇ ۋىجدان ۋە غۇرۇر .   
يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ ياشىما ھەرگىز،
دىنىڭ ئىسلامدۇر ، مىللىتىڭ ئويغۇر.

سۇ سۇيۈق بولسىمۇ ئىرادە قۇيۇق،
يوللار تۇيۇق بولسىمۇ ،مەقسەتلەر ئۇلۇغ.

           ھايا-ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر،ۋەھالەنكى،ئىمانلىق كىشى جەننەتتىدۇر!
مېنىڭ يۇرتۇم ماڭا زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر،مېنىڭ خەلقىم ماڭا بىخىللىق قىلغان تەقدىردىمۇ سىخىيدۇر!

ئەي تىلىم --- ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى،  
سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل --- بارچە تىللار سەرخىلى.

  باشقىلار كۆكتە  ئۇچـۇپ ،  سـۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق!
مەن مىسال يالاڭ ئاياغ دەسسەپ تىكەن  ماڭارىمەن!
  ـــــــــــ ئا.ئۇيغۇر
«ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىمدىن نومۇس قىلىمەن!»دېيىشكۈچىلەر!ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىڭدىن ئەمەس!ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇردەك ياشىيالمىغانلىقىڭدىن نومۇس قىلىش !!!

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ ،
قايغۇدىن كىيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ ،
تېڭىرقاشتىن يۇلىنىپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ ،
يالغۇزلىقتىن قۇتۇلغان قەلب كۆتىرەڭگۈ بولىدۇ .

ئالەم ۋاپا قىلمايدىكەن ئادەمگە،
لېكىن ئادەم تويماس ئاشۇ ئالەمگە.

كىشىلەرگە ھەيرانمەنكى، كىسەللىكتىن ئىھتىيات قىلىپ تاماقتىن  ئۆرىنى
تارتىدۇ-يۇ، دوزاقتىن قورقۇپ گۇناھلاردىن ئۆزىنى تارىتمايدۇ .

يىگىتنى گەپتىن قويغان يانچۇقتا پۇلنىڭ يوقلۇقى،
ئېلىڭنى قۇللۇقتا قويغان ساداقتا ئوقنىڭ يوقلۇقى .

پۇل دېدۇق،كۆڭۈلنى پۇلغا ئۆگەتتۇق،
پۇلنى دەپ دوستلارنى تامام تۈگەتتۇق.
تـاۋۇتـقـا سىغمىغاچ تـاپـقـانلىرىمىز،
يالىڭاچ كەلگەندەك يالىڭاچ كەتتۈق.


ئاڭلىغىن «ئاھ خۇدا...» دېگۈچى بەندە،
«... مەن پەقەت ياراتتىم، يارىلىش سەندە!»
ئون ئەسىر جاراڭلاپ تۇردى بۇ خىتاب،
ئەمدى ئېيت، خاتالىق سەندە يا مەندە؟!


شاتلىقى  ھەم  قايغۇسى بىرگە كەلگەن بۇ زامان،
گاھ كۈلدۈرۈپ،يىغلىتىپ،سىرلىق كەلگەن بۇزامان.
«زامان ساڭا باقمىسا،سەن زامانغا باق» دىگەن،
بىزگە باقماي ،بىزنى ئەل قىلىپ كەلگەن بۇ زامان.


مىللەتنىڭ خاراپلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ ، ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەپ بولىدۇ ،  ئەرلەرنىڭ مىھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئىتىقادسىزلىقى ، كەمبەغەللىك ، جاپا-مۇشەققەت ، كۈچسىزلىك سەۋەپ بولىدۇ  .  .  .    ~~~ !!!
____ ئابدۇشۈكۈر موھەممەدئىمىن
__________________
سـۇلـتـان بـولـۇپ خـان ئـۆتـكـەن ،  ئـۇيـغـۇرۇمـسـەن جـاھـانـدا .   ئـالـەم شـاھـىـت بـولـغـانـتى ،  ســەن تـارىـخـنى يـازغـانـدا ،   . . . . .
[td]



ئۆزۇڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي!
ئۆزىنى مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن تەرەققىي قىلمىغان مىللەت كەلگۇسىدە يوقىلىدىغان مىللەت!


زامان  ئۆزگەرسىمۇ  ھەق  يولدىن  ئايرىلما .

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسىڭ ئۇنىڭ ئۆتكۇر بېىسىغا دۇچار بولىسەن...

ئاسانمۇ تۇغۇلۇش ئىنسانغا شۇنچە،
كەلسىمۇ سائىتى ھاياتتا ئۆلۈش.
ۋە لىكىن مۈشكۈلدۇر ھەممىدىن مۈشكۈل،
چىن دىلدىن سۆيگەننى سۆيۈش،سۆيۈلۈش.


مايمۇن ئەمەلدار بولسا ،ئوزى باشقۇرۋاتقان خەلىقنى دەرەخكە چىقىشقامەجبۇرلايدۇ.

گۈزەل قىزلارنى ئايغا ئوخشىتىپ يۇرگەنىدۇق،چەتئەللىكلەردىن «ئاينىڭ
بىر تەرىپىنىڭ يورۇق ،بىر تەرىپىنىڭ قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۇق »،شۇنىڭ بىلەن ئاي ۋاپاسىز قىزلارغا ئوخشىتىلدى.   ئەجىبا بىزنىڭ جىسىملارغا بولغان تەتقىقاتىمىز ئوخشىتىشتىن ئېشىپ كىتەلمەمدۇ؟



ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!

پاراغەت ئىلكىدە ئىشرەتتە ،سەلتەنەت تاجى چىكەمدە ھەم،
نىچۈن دەۋران سۈرەلمەيدۇ ،غېرىپ كۆڭلۈم يەنە ئۆكسۈپ!!


كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ ،
جاھان تۇرماق ھەتتاكى ئاسمان سىغىدۇ .
ئەگەردە رەشىك ھەسرەت قاپلىسا ئۇنى ،
تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ .
        __ئا. ئۆتكۈر


كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۇقۇشماسلىقتىن ساقلىناي دېسەڭ، ئېغىزىڭنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ تۇر.

قىزلارنى شەيتانغا ئوخشىتالىغىنىڭ بىلەن، ئاناڭنى شەيتانغا ئوخشىتالمايسەن!......

ئۆز سىرىڭنى ئالدىراپ باشقىلارغا ئېيتىما، سەن قەلبڭگە سىغدۇرالمىغان سىرنى باشقىلار قانداقمۇ سىغدۇرالىسۇن.


مەن ئەڭ ئامراق ،لىكىن ئەڭ ئىشەنمەيدىغان سۆز ---مەڭگۈ !!!
سۆيگۈ مۇھەببەتتە ۋەيران بۇلۇشتىكى سەۋەب: سۆيسەڭ ئىگىلىسەن ،سۈيۈلسەڭ غادىيىسەن،ئاخىرى بېرىپ ۋەيران بۇلىسەن.!!!


سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى،
ئالتۇن بېرىپ ئىلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى.


ياشىغان ئىكەنسەن، ئوۋ پەيىتلىرىدىكى بۆرىدەك ھۇۋلاشقا ، ئەتىياز پەسلىدىكى قۇرۇت - قۇڭغۇزلاردەك ئۆمىلەشكە ، ھۈپپىدە گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن باغۇ- بوستانلاردىكى بۇلبۇلدەك سايراشقا مەجبۇر بولىسەن. قىسقىلا ھاياتىڭدا مەمنۇن بولۇپ كۈلىدىغان ياكى پۇشايمان قىلىپ ئاھ ئۇرىدىغان ۋەياكى قايغۇ-ھەسرەت ئىسكەنجىسىدە ئامبۇر بىلەن قىسقاندەك ئېچىشقان يۈرەكنى تاتىلاپ زار -زار يىغلايدىغان كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىسەن . بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەسلىمە سۈپىتىدە ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ.بىر قىسىملىرى بولسا زاۋالدا كۆرگەن چۈشتەك ئاستا -ئاستا ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ...

پەقەت بىرلا گۈلنىڭ پۇرىقىغا خۇشتار بولغان كۆڭۈل مەڭگۈ  بەخىتلىكتۇر.

زار قىلىپسەن بىرىنى مىڭى زار بولمىغانغا،
مىڭى ھەم زاردۇر بىرى كۆزقىر سالمىغانغا....


نۇر چېچىشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى بولۇپ ياشايسەن!!!

مەن سېنى، سەن ئۇنى ، ئۇ باشقىنى،
شۇ ئەمەسمۇ بۇ دۇنيانىڭ ئاداشقىنى.


ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى غەزىپىڭگە يۇلۇققانلارنىڭ ۋەئازغانلارنىڭ يۇلىغا ئەمەس،سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن. ئامىن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش