muhsin
بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەر كىشىنى يامان يولدىن توسسا ،
بىر ئەرنىڭ غورورى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسۇپ قالالايدۇ .
ئاياللار ھېيىققۇدەك ئەرلەر قالمىغاچقا ، ئاياللار ھايا پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلىماقتا ....
xerhan
ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك.
Zvmrat
تەقدىر مىنى قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار قىلمىسۇن،مەن ھامان كۇلۇپ ياشايمەن.
Maymak
تۈپتۈز كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،
روھزاد
جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى. شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.
Toxkanjan
ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.
Tuz
سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !
Nawkeran
دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ، ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر . ،،،،،،،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.
Nim japa
مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !
Turkiye
دۇنيادا تەلەي دىگەن نەرسە يوق،سىز پەقەت تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىڭىز،پۈتۈن زىھنىڭىز بىلەن ئۈگىنىشىڭىز كىرەك،ئەگەر بۇنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرالىسىڭىز،ئۇنداقتا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.
Larzan
بۇ ھاياتىنىڭ يۇلى ئېگىز -پەس، مەڭگۇ بەردەم- تىك تۇرماقمۇ تەس، چىن ئنسانغا غۇرۇر مۇقەددەس، مىزانى شۇ
ئادىمىيلىكنىڭ............
Xarminaz
كىشىلەردىن ھايا يوقالسا ، ئورنىغا بالا كېلىدۇ.........
Abdulahad
كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
Nadanlik
ۋاز كېچىش ھەرگىزمۇ مەغلۇپ بولغانلىقدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ۋاز كېچىشنىڭ ئۆزى بىر يېڭى چىقىش يولى .
Ziyaliy
بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ .
Kumkazi
ئۇلارنىڭ جاينامازدا ئىمانى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى، يۈرىكىدە پىغانى، سەپ ئالدىدا مەيدانى، تىغ ئالدىدا تەن- جېنى، تومۇرىدا دولقۇنلۇق قېنى ھاياتىدا ئۆلۈم ھەم شان- شەرىپى نېسى ئىدى.
Axkar
دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!
Kichik oghul
جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟
ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟
يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ،
گۆش-تېرە،سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟
Sansiz
ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر، ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال. قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى، ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.
Hokumran
ئەي ئىنسان ئويلىغىن ، ئۆزۈڭنى دەڭسەپ ،
يوقاتتىڭ نىمىنى ، تاپتىڭ ھەم نىمە ؟
كىم ئىدىڭ ئەسلىدە، كىم بولدۇڭ ھازىر ،
بولماقچى ئاخىرى سەن زادى نىمە ؟
Jim
ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.
Shakira
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىغان ھەر قانداق كىشى،ھەرگىز شەخسىي تالاش-تارتىشقا ۋاقىت سەرپ قىلمايدۇ. ـــ لىنكولىن
Gadankax
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
پالۋان
ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن،
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
ئىلغۇدا ئىسىغلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر
Erk- oghili
ئىللەت مىللەتتە بولمايدۇ،شەخىستە بولىدۇ،،دۇنيادائەزەلدىن ئانداق ـ مانداق مىللەت بولمايدۇ،شۇنداق شەخس كىشىلەر بولىدۇ (ئۇيغۇر ئانداق مانداق دېگۈچىلەر ئۆزلىرى ئەمەلىيەتتە ئۆزى...!!!)
Dakyanos
سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!
Yawayi 0998
بۇ جاھاندا بىلگەنلىرىڭ تۇمەن مىڭ بولسۇن ،
چىن يۇرەكتىن سۆيگىنىڭ پەقەت بىر بولسۇن .
يۇرۈكۈڭدە تارتقان ئازاپلىرىڭنى بىلمىسە ،
ئازاپلار بۇ دۇنيادا مەڭگۇگە سىر بولۈپ قال.
بابۇر0999
ئۇيغۇرسەن ئۇيغۇردەك ياشىغىن مەغرۇر،
جىسمىڭدىن بالقىسۇن ئۇيغۇرلۇق غورۇر.
كۈرەش قىل ۋىجدانىڭ،مىللىتىڭ .ئۈچۈن،
شۇندىلا سەن ئۈچۈن پارلاقتۇر بۇ يول.
نۇربىيە
قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .
Izzat
ئادەم دۇنياغا ئۆلىكى بىلەن مازارنى، تىرىكى بىلەن بازارنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈن كەلمىگەن.
Kuzum
كۆڭۈلچەككە ئالدامچى ئامراق كىلىدۇ. گۈلنىڭ ئومرى قىسقا كىلىدۇ ،چۇنكى ھەممىغا يارىغاچ، تىكەننىڭ ئورى ئۇزۇن بۇلىدۇ ،چۇنكى ھەممىگە سانچىلغاچ.....
Zulayha
يۈرۈگۈ م نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟ ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇختۇرغىن.
Orkixi
ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
Yixil.nur
ئاللاھنىڭ كارۋىنى ھامان غەلبە قىلىدۇ،مەيلى سىز بۇ كارۋاندا بۇلۇڭ ياكى بولماڭ ئۈزىنىڭ يۇقىتىپ قۇيغان ئىززەت-ئابرۇيىنى قايتا تىكلەيدۇ.سىز بۇ كارۋاندىن چۈشۈپ قالماڭكى بەلكى بۇ كارۋاندا بۇلمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن قىزغىنىڭ!
Sukut520
ئىشككە ئوڭلاپ مىنەلمەي تۇرۇپ،
دۇلدۇلغا ئىسىلما ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ.
ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنش ئاتلىق،
بۇ يولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ.
Hekmat uyghur
ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى.........
ئەسكەرتىش:مۇنبەردە ئەزالار 100مىڭدىن ئارتۇق بولغاچقا،بىرقانچە تېمىدىكى ئىنكاس يوللىغان ئەزالارنىڭلا ئىمزالىرىنى توپلىيالىدىم،قالغانلىرنىمۇ اللاھ خالىسا بىر كۈنى توپلاپ يوللايمەن،مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆزلىرى ياقتۇرغان ئىمزالارنى ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-25 12:34 AM