aziz33 يوللىغان ۋاقتى 2012-10-27 08:47 AM 
بۇ يازما ،كونا مۇقامدىكى ،شىنجاڭ مەدىنىيەت ژورنىلىنىڭ ...
مەن نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇپ كەتكەنلىكىمىز ھەققىدىكى كۆزقارىشىمنى دەپ باقاي، توغرا بولسا قوبۇل قىلارسىز، كەمتۈك بولۇپ قالغان بولسا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تولۇقلاپ پىكىر بېرىپ قويارسىز:
1. بىز نادانلىقنىڭ دەردىنى كۆپ تارتىپ كەتتۇق. بۇنىڭ ئۈستىگە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى تەسىرىدىن بېكىنمىچىلىكنىڭ ئاسارىتىدە كۆپ تۇرۇپ كەتتۇق، كۆيدۈرۈلۈشكە، خارلىنىشقا تېگىشلىك بولمىغان كىتابلىرىمىز كۆيدۈرۈلدى، خارلاندى. بۇنىڭ ئارقىدىنلا بىز داۋانلىق تىلغا ئالىدىغان بىر يىغىن ئېچىلدى-دە، سىرتقا ئېچىۋەتمىگەن ئىشىكىمىز قالمىدى. بۇنىڭ تەسىرى بەك كۆپ بولدى.
2. بالىلىرىمىزغا ئاتا-ئانىلىرىمىز ھەقىقىي يوسۇدىكى ئۈلگە بولالمىدى. دىنىمىزنى ھەقىقىي مەنىدە چۈشەندۈرمىدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، چۈشەندۈرۈلمىدى. كۆپ قىسىم ياشلىرىمىز دىنىمىزنى يۈزەكى چۈشىنىپ قالدى ياكى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىدى. بالا دېگەن ئاتا-ئانىسىنى دوراپ چوڭ بولىدۇ. ھازىر بىزنىڭ كۆپ قىسىم ئۆيلىرىمىزدە «ئاياللارغا بىر ۋخ ناماز يەنى، ناماز بامداتلا پەرز قىلىنغاندەك، باشقا تۆت ۋاخ ناماز ئامانەت قالدۇرۇلدى. ئەرلىرىمىزگە ناماز بامدات بىلەن جۈمە نامىزىلا پەرز قىلىنغاندەك، باشقا نامازلار گەدەنگە قەرز بولدى». قېنى دەپ بېقىڭ، مۇشۇنداق مۇھىتتا يېتىلگەن بالا سىزچە قانداق بولار؟
3. بالا سىرتتىن ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، يا دادىسىنىڭ، يا ئانىسىنىڭ بالام بۈگۈن نېمە ئىش قىلدىڭ دەيدىغانغا ۋاقتى يوق تۇرسا، ئائىلىۋى تەربىيە بېرىدىغان ئادەم بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادا بالىنىڭ قېشىغا مەست كىرسە، ئانىسى بىر تاغار بىرنېمىلەرنى يۈزىگە بوياپ، ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان ئەتىرلەرنى سېپىپ كىرسە، بالا قانداق چوڭ بولماقچى؟
4. ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ كەلسىڭىز مىللىتىمىزنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىز دەپسىز، بۇنداق بولۇشقىمۇ نىسىپ بولار. لېكىن، سىزنىڭ قايسى تەرەپتىن نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلمىدىم. بەلكىم، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مەسىلە تېخىمۇ ئېغىر دېمەكچىسىز. بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن قوبۇل قىلغان مەدەنىيەت، «مەدەنىيەت تاجاۋۇزى» قىلىدىغان ىلىملەردىن ئۆگەنگەن مەدەنىيەتلىرىمىز بىزنى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. مەن ئىچكىرىگە كىرمىسەمممۇ، «باھادىرنامە»، « ئانا يۇرت»، « ئويغانغان زېمىن»، « ئىز»، «تارىخىي رەشىدى»، « ئابدۇقادىر دامۇللا ھەققىدە قىسسە»،...قاتارلىق كىتابلارنى كۆرۈپ مىللىتىمىزنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم. لېكىن، ئۇ كىتابلاردا تەسۋىرلەنگەن مىللەت ئوبرازىنى سېغىنىپ ياشىماقتىن باشقا ئامال يوق ئوخشايدۇ.