مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6412|ئىنكاس: 67

قاقشاشمۇ ياكى تەنقىدلەشمۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 922
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10797
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 988 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 04:54:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاقشاشمۇ ياكى تەنقىدلەشمۇ

        يېقىندىن بۇيان مۇنبەرلەردە بەزىلەر « ئۇيغۇرنى سۆكمەسلىك كېرەك، تىللىماسلىق كېرەك، ئۇيغۇرنىڭ تىللايدىغان يېرى يوق» دېسە، يەنە بەزىلەر « ئۇيغۇرنى جىق تىللاپ كەتتۇق، جىق سۆكۈپ كەتتۇق، قاقشاپ كەتتۇق، ئەمدى ئۇنداق قىلماي ماختاپ، ئىلھام بېرىش كېرەك، ئۇيغۇر تەسەللىيگە مۇھتاج» دېيىشتى. خوش، ئۇنداقتا، قاقشاش دېگەن نېمە؟ سۆكۈش دېگەنچۇ؟ تىللاش دېگەن نېمە؟ مەن يازمامدا گەۋدىلەندۈرمەكچى بولغان تەنقىدلەش دېگەن نېمە؟ بۇلارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ مەن يازمامنى مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق كېڭەيتىپ ماڭىمەن.                          

        «سۆكمەك» دېگەن بۇ سۆزگە «مۇئەللىم لۇغىتى»دە «باشقىلارنى يامان سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلىش، تىللاش، ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش» دەپ تەبىر بەرگەن. «قاقشىماق» دېگەن سۆزگە يەنە يۇقىرىقى لۇغەتتە « زارلانماق، دادلىماق» دەپ تەبىر بېرىلگەن. «تىللىماق» دېگەن سۆزگە يەنە شۇ لۇغەتتە  « ① قوپال، سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەت قىلماق، ئاھانەت قىلماق؛ ② مەلۇم سۆز ياكى نام بىلەن كەمسىتمەك» دەپ تەبىر بېرىلگەن. «تەنقىدلىمەك» دېگەن سۆزگە   «كەمچىلىك ياكى يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ پىكىر بەرمەك، ئاگاھلاندۇرماق» دەپ تەبىر بېرىلگەن.                     

        خوش، ئۇنداقتا، مۇنبەرداشلار بىرلىكتە پىكىر قىلايلى، بىزنىڭ يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ بىزدىكى ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ يازغان يازمىلىرىنى نېمە دەپ چۈشەنسەك بولار؟ سۆكۈش دەمدۇق، قاقشاش دەمدۇق ياكى تىللاش دەمدۇق ۋەياكى تەنقىدلەش دەمدۇق ياكى بولمىسا ئۇيغۇرتىلىنىڭ سۆز ئىشلىتىش قائىدىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كۆڭلىمىزدىكى گەپلەرنى ئېيتىۋېلىش ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىۋىرەمدۇق؟         

         مەن بىزدىكى ئىللەتلەرنى كۆرسىتىش تىپىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرى بىزنى تەنقىد قىلغان، ئاگاھلاندۇرغان دەپ قارايمەن. چۈنكى، يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ مەنىسىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، باشقا سۆزلەر ئۇخىل يازمىلارنىڭ قىممىتىنى ئېچىپ بېرەلمەيدۇ. شۇنداقلا، مەن بىزنى، بىزنىڭ ئىللەتلىك كىشىلىرىمىزنى داۋاملىق تەنقىدلەش تەرەپدارى. باشقىلار قانداق قارىسا مەيلى، ئىدىيەنى، كۆز–قاراشنى زورلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە « بىزنىڭ يۈزىمىزدىكى قارا– قۇرىلار بەك كۆپىيىپ كەتتى، بۇ قارا–قۇرىلارنىڭ بىرقىسمى ئاشكارىلاندى، يەنە بىرقىسمى بولسا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ يۈزىدىن چاقناۋاتقان نۇرلار تەرىپىدىن توسۇلۇپ قېلىپ كۆرۈنمەيۋاتىدۇ.لېكىن مۇشۇ پېتىلا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالداپ، يەنە تېخى تەسەللىي ئىزدىشىپ ماڭساق، پات ئارىدا ئەجدادلارنىڭ نۇرىمۇ بىزنىڭ يۈزىمىزدىكى مەينەتچىلىكلەرنى يۇشۇرۇپ بولالمايدۇ». شۇڭا بىز تەنقىدكە بولغان كۆزقارىشىمىزنى يېڭىلىشىمىز لازىم. ئاڭلىق ئادەملەر تەسەللىيگە ئەمەس، تەنقىدكە مۇھتاج بولۇشى كېرەك. لېكىن، تەنقىدلىگۈچى تەنقىدنى چەكتىن ئاشۇرۇپ، ھاقارەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ يازمىلىرى تېخى بىزدىكى ئىللەتلەرنى تەنقىدلەپ، ھاقارەت دەرىجىسىگە كەلتۈرمىدى. بەلكى، بىزدىكى ئىللەتلەرنى تولۇقمۇ كۆرسىتىپ بولالمىدى. شۇڭا، يازغۇچىلاردىن «بىزنى تىللىۋەتتى، سۆكۈۋەتتى » دەپ ئاغرىنىش ئارتۇقچە.                                               

        ئۇنداقتا، بىز ئۆزىمىزنى نېمە ئۈچۈن تەنقىدلىشىمىز كېرەك؟ ئەمدى، مەن تۆۋەندىكى قۇرلار ئارقىلىق كۆز–قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. بىز ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تۇرمۇش سەۋىيىمىزنىڭ ئۆسۈشى بىلەن داش قازاننىڭ تامىقىدىن ئايرىلدۇق. ئائىلىنى مەركەز قىلىپ تاماق يېيەلەيدىغان، ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۆزىمىز ئىگە بولۇپ كۆڭلىمىز نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدىغان بولدۇق. جۈملىدىن، قولىمىز پۇل كۆردى. خىراجىتىمىزدىن سىرت قولىمىزغا ئازدۇر–كۆپتۈر پۇل ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئۇنتۇپلا«مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ » دېگەندەك، قولىمىزدىكى پۇلغا دۈم چۈشۈپ، ئۇ پۇلنى خەجلەيدىغان بازار ئىزدىدۇق. «چالا تىۋىپ ئادەم ئۆلتۈرەر» دېگەندەك، بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن–بىلگەنلىرىگە ئاساسەن، ئەجدادلىرىمىزنى دۇنيادا گۆھەردەك چاقناتقان مەدەنىيەتلىرىمىزنى، ئۆرپ–ئادەتلىرىمىزنى خۇراپاتلىققا چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن بىز يېڭى مەدەنىيەت ئىزدىدۇق. مۇشۇنداق ئېھتىياجلار بىلەن، پۇلىمىزنى ئېلىپ«مەدەنىيەت بازارلىرى»نى كەزدۇق. كىم بىلسۇن، مۇشۇ پەيتلەردە شەھەرلىكلىرىمىز، مائاشلىقلىرىمىز(ئەلۋەتتە بىرقىسمى) باشقىلار ئالتۇندەك مەدەنىيەلىرىمىزنى ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇپ قويغان ئەخلەت مەدەنىيەتلەرنى ئالدۇق. سەۋەبى، ساۋاتسىزلىق، ئاڭسىزلىق، ئىدىيە بىكىنمىچىلىكىنىڭ دەردىنى كۆپ تارتىپ كەتكەنلىكتىن تورلىشىپ قالغان كۆزىمىزگە ئالتۇننىڭ سايىسىدا پارقىراپ تۇرغان ئەخلەت باشقىچە كۆرۈنگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپتە كىيىم–مەدەنىيىتىمىز قۇربانلىق قىلىندى. چىرايلىق ئەتلەسلىرىمىز، خىلمۇخىل پاسۇندىكى دوپپىلىرىمىز توپا باسقان ھالدا بىزگە ئېچىنىپ قارىدى. لېكىن، بىز بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدۇق. ئەكسىچە قىزلىرىمىزدىكى ئۆزگىرىش بەك چوڭ بولۇپ كەتتى، ئانىلىرىمىزنىڭ بېشىدىكى ياغلىق بوينىغا چۈشكەن ئىدى، قىزلىرىمىزنىڭ ياغلىقى يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئانىلىرىمىز كۆڭلەكنى سېلىۋەتكەن ئىدى، قىزلىرىمىز ئىشتاننى سېلىۋەتتى. «ئۇيغۇرچە(مىللىيچە) كېيىنگەنلەر <مەتۇ> سانالدى. ئىنتايىن تار يوپكىلارنى، قولىنى كۆتۈرسە بىلى ئېچىلىپ قالىدىغان، ئالدىغا ئېڭىشسە، كۆكسى ئېچىلىپ قالىدىغان كوپتىلارنى كەيگەنلەر، چاچلىرىنى ھەرخىل بويىتىپ، مىتىس قوينىڭ تۈكىدەك قىلىۋالغانلار<مەدەنىيەتلىك>سانالدى »(ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى). ئاندۇقادىز جالالىددىن ئەپەندى«گاچا شىم »دەپ ئىسىم قويۇپ بەرگەن شىملار«كالتە شىم »غا، ئابدۇكېرىم ئابلىز ئەپەندىنىڭ گېپى بويىچە « كوساركۇ»غا ئايلىنىپ، قىسقا، تار يوپكىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇلايسىزلىقلارنى ھەل قىلدى. قىسقىسى، «ئىشتان كوسارغا قاراپ يۈزلەندى، كۆڭلەڭ باغىرداققا قاراپ »( « شىنجاڭ مەدەنىيىتى »دىن ئېلىندى. ئاپتورى ئېسىمدە قالماپتۇ)            

       بۇ ھەقتىكى ئۆزگىرىشلەر بەك كۆپ تەكىتلەندى. ئەجدادلىرىمىز بىزگە ناۋاتنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ كەتكەن، بىز ئۇ ناۋاتنى لازىغا مىلەپ يەۋاتىمىز، ئەۋلادلارغا بىزدىن نېمە قالىدىكىن؟!            

        يەنە مىسال، رەببىمىز ئاللاھتىن پەيغەمبىرىمىزگە «ئى، پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆئمىنلەرنىڭ قىزلىرىغا ئېيتقىنكى، ئۇلار پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورۇۋالسۇن، بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي بىلىنىدۇ–دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ» (سەھىھ ھەدىسلەردىن) پەيغامبىرىمىز بۇلارنى بىزگە، مۆئمىنلەرگە يەتكۈزگەن ئىدى، ئەجددادلىرىمىز ئاڭلىغان، بىز ئاڭلىماسلىققا سېلىۋاتىمىز، بىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك ھەدىسىنى ئاڭلىماسلىققا سالغانلىقىمىز ئۈچۈن «باشقىلار قىزلىرىمىزغا چېقىلدى»، ھەتتاكى، دادىلار قىزلىرىغا، ئاكىلار سىڭىللىرىغا « چېقىلدى » (شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنى ئوقۇڭ). شۇنىڭ بىلەن بۇ پاجىئە يېڭى بىر ئېھتىياجنى شەكىللەندۈردى. بۇ ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلار «قىزلىق پەردە ئوپىراتسىيە تېخنىكىسى» نى قوبۇل قىلدى. بىرقىسىم بىچارە ياۋاش يىگىتلىرىمىز ئالدىنىپ ئۆتۈپ كەتتى. پۇل ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا يات بولغان، مەڭگۈ قىلىش چەكلەنگەن«ئىپپەت سودىسى» قىزىپ كەتتى.بۇنىڭ بىلەن  «پۇل ئۈچۈن خۇدىنى يوقاتقان پاھىشىلەر توپى گويا بايلىق بۇلاش ئۈچۈن شەرققە يۈرۈش قىلغان ئەھلى سەلىپ ئارمىيەسىدەك شەھەردىن يېزىغا، يېزىدىن كەنت، مەھەللىلەرگە قەدەر شىددەت بىلەن كېڭىيىپ، مەخسۇس بازار شەكىللەندۇرمەكتە. يالماۋۇز ئاغزىدىن پۈركۈلگەن كۆيدۈرگۈچ ئوتتا تەنلەر پاراسلاپ كۆيمەكتە. غۇرۇر پۇچىلانماقتا »( ئۆمەرجان ئىمىن. <تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت>).   ئەرلەرگە خاس يۈرۈش–تۇرۇش قىزلاردا كۆرۈلدى. كوچىدا كېتىۋاتقان بىر توپ ئادەمنىڭ قايسىسى قىز، قايسىسى ئوغۇل ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. قىزلىرىمىزنىڭ قىز–جۇۋانلىقىنى، ئاياللىرىمىزنىڭ تۇل–تۇل ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان «چاچ ئۆرۈم مەدەنىيىتىمىز» ئۆزىنى چەتكە ئالدى. قىز–ئاياللىرىمىزنىڭ چېچى گەدىنىدىن ئاشماس بولۇپ كەتتى.                    

بىز يىگىتلەرمۇ ئىنتايىن غورۇرلۇق، ۋىجدانلىق، قىز–ئاياللارغا ياخشى تەربىيە قىلالايدىغان لۈكچەك ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدۇق. لېكىن، بۈگۈنكى كۈندە بىز مەدەنىيەت دەپ قۇبۇل قىلغان ۋېروس بىزدىكى جاسارەتنى، غورۇرنى، ۋىجداننى يىگىلەتتى. بۇنىڭ بىلەن بىز ئەرلەر ئەممىۋى ھاجەتخانىلارغا شۇئار يازىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدۇق. ئاياللىرىمىز «زامانىۋى لۈكچەك» كە ئايلاندى، بىز نازۇكلاشتۇق. قىزلىرىمىز بازاردىن كىرمىدى،بىز قاۋاقتىن كىرمىدۇق.غۇرۇرنى، ۋىجداننى ھاراققا چىلاپ ئىچىۋەتتۇق. ھاراق تىز ئومۇملاشتى.              «ھازىر دېھقاننىڭ يەر سۇغارغىدەك سۈيى بولمىسىمۇ، ئىچىدىغانغا ھارىقى بار...ئۆمرىدە ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۇچۇمداپ ئىچىپ باقمىغانلار <ئىلى ھارىقى>نىڭ قىيانىغا غەرق بولماقتا...<ئىلى ھارىقى>دا كۆيۈپ ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ سانى ئىلى دەرياسىدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتتى »( ئۆمەرجان ئىمىن.<تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت>).

        «ئىنسانلار گۈزەللىك، سەنئەت، مەدەنىيەت دېگەن نىقاب ئاستىدا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئالداۋاتىدۇ » (ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى). ھەقىقەتەن شۇنداق، تۇققۇز ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، بالىسىنى ئاپىرىدە قىلغان كۈنى بىر ئۆلۈپ، بىر تىرىلگەن ئانىلىرىمىز شۇ گۈزەللىك ئۈچۈن، گۈزەللىكىگە نۇقسان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن بالىسىغا سۈتىنى بەرمەي، تۈرلۈك قۇۋۋەت بۇلماقلىرى ۋە سۈنئىي سۈتلەر بىلەن باقتى. بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئانا سۈتى ئارقىلىق ئېرىشىدىغان مېھرى–مۇھەببەتتىن، مىللىي روھتىن ئايرىلىپ قالدى. بۇنىڭ ئۈستىگە ئاتالمىش تۇرمۇش ئالدىراشلىقى ئەمدىلا بىر نەچچىگە كىرگەن بالىلارنى ئائىلىدىن ئايرىپ مەكتەپ تەربىيىسىگە تاپشۇردى ۋە تاپشۇرماقتا. ياكى بولمىسا ياش بالا باققۇچىلارنى ئائىلىسىگە ئەكىلىپ شۇلارغا بالا باقتۇرماقتا. ياق،  «بالا باقتۇرۇش» دېگەندىن كۆرە، «بالىنى يالغۇز قويماسلىق» دېسەك توغرا بولار! چۈنكى، تۇغۇتتتىن ئىبارەت جەڭگە قاتناشقان ئانىلىرىمىز باقالمىغان بالىنى ئۇ ياش بالا باققۇچىلىرىمىز قانداق باقالىسۇن؟!                  

        مۇشۇلارنى يېزىش، ئۇيغۇرنى تىللاش، سۆكۈش، قاقشاش بولامدۇ؟ ئۇيغۇر مىللتىگە يېپىشىۋاتقان بۇ ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ «بۇنداق قىلمايلى، تۈزىتەيلى، ھەددىمىزدىن ئېشىپ كەتتۇق، ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى» دېگەنلەر ئۇيغۇرنى تىللىغانلىق بولامدۇ؟ ئېسىمىزدە بولسۇنكى، «قەلىمى رەڭ پۇرىماي، قان پۇرايدىغان يازغۇچى ياكى قەلەمكەش» ئۆز مىللىتىنى تىللىمايدۇ، مىللىتى ئۈستىدىن قاقشىمايدۇ، بەلكى، ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپ، ھازىر مىللىتىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىللەتلەردىن ئېچىنىدۇ، تەنقىدلەيدۇ. پەقەت، قەلىمى رەڭ پۇرايدىغان، «ساراي شائىرى» بولۇۋالغانلار، ئەجدادلىرىمىزنىڭ سايىسىدا «ئاپتاپ كۆرمەي»، بىزنى ماختاپ ئۆتۈۋېرىدۇ. ئامال قىلىپ بىر يەردىن تەسەللىي ئىزدەپ يۈرىۋېرىدۇ. ئەينى يىللىرى «ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى» ، «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» ناملىق كىتابلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى بۈگۈنكى كۈندە نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى «مىللەتنى سۆككۈچى، قاقشىغۇچى، مىللەتنى ئۈمىدسىز– لەندۈرگۈچى» بولۇپ قالدى؟ بۇنىسى ئېنىقكى، ئەختەم ئۆمەر بۇ ئىككى پارچە كىتابنى يازغان دەۋرلەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىللەتلەر بىزگە ئەمدى كىرىشكە باشلىغان، ياكى ئەمدى باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان، قىزلىرىمىز ھىندىستان فىلىملىرىدىن بەلنى تولغاپ ئۇسسۇل ئويناشنى، كىندىك بىلەن كۆكسىنى ئوچۇق قويۇشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان، يىگىتلىرىمىز، شارۇلخاندىن ھەققەنىيەتنى قوغداشنى ئۆگەنمەي، مۇشلىشىشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان ۋاقىتلار ئىدى، شۇڭا كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، ئەمدىچۇ؟ 20يىللاردىن كېيىن، ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىگە باشقا بىر توننى ياپتۇق، نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى شۇ چاغلاردا ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قەلىمى بىلەن تەنقىدلەنگەن ئىشلار بۈگۈن بىزگە ئومۇملىشىپ، كۆزىمىزگە نورمال ئىشتەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا بىز بۇ خىل ئىللەتنى تەنقىدلەيدىغان يازمىلارنى كۆرسەك ، خۇددى بىزنى تىللاۋاتقاندەك، ئۆزىمىزدە بار ئىللەتلەرنى يازغۇچى كۆرۈپ قالغاندەك بولۇپ، ئۇلارغا باشقىچە تون پىچىشقا ئورۇنۇۋاتىمىز.                  

         مۇشۇنداق تون پىچقىلى تۇرساق، ئابدۇقادىر دامۇللام، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مەمتىلى تەۋپىق قاتارلىق كىشىلىرىمىزگە قانداق تون ياپارمىز؟ ئۇلارمۇ بىزنى تەنقىدلىگەنغۇ، بەزىلەرنىڭ تىلى بويىچە بىزنى تىللىغان ئىدىغۇ، ئىشەنمىسىڭىز مىساللار كەلتۈرەي:              

1. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يۇرتۋازلىق قاتارلىق ئىللەتلەرنى سۆكۈپ يازغان «توۋا دەيمەن، توۋا» دېگەن شېئىرى بىزدىكى ئۇ خىل ئىللەتنى خېلى ياخشى تەنقىد قىلغان.                     

2. نىمشېھىت ئەرمىيا ئېلى سايرامىنىڭ «خاتا» ناملىق شېئىرىغا قارايلى:  

يېمەك، ئىچمەك، ھەممىنى ئۆز نەپسى ئۈچۈن توپلىۋېلىپ،

بىر توققۇز نەرق قويۇپ، پايدىغا ساتماقلىق خاتا.      

زارلىنىپ بىچارىلەر غەمدىن كۆزىگە ئالسا ياش،           

ياش تۆكۈپ، يۇشۇرۇن يۈرۈپ، پىنھاندا ياتماقلىق خاتا.   

«ئالدىدا»ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.                                            

3. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» ناملىق شېئىرى ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنى تەنقىد قىلغان بولسا، يەنە «باردۇر» ناملىق شېئىرىدا مۇنداق يازغان:                     

ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىش كەلسە تاپالماستىن،

چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.         

ئىلىم پەنگە يۈرۈش قىلغان، ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،   

مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.      

قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋەيا ئۆزى قىلالماسلىق      

قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈمەن بوھتانىمىز باردۇر.   

«ئاچىل» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.                                            

        خوش، ئەمدى پىكىر قىلايلى، بۇلار بىزنى نېمە دەپ تەنقىد قىلغان، بىز بۈگۈن نېمە دەپ تەنقىد قىلىۋاتىمىز؟ مېنىڭچە، ئۇلار بىزنى «ئوقۇ، بىلىم ئال، بۇنداق يۈرسەڭ زاۋال تاپىسەن، چۈنكى سەندە مۇنداق، مۇنداق ئىللەتلەر بار» دەپ تەنقىد قىلغان، شۇ چاغدىكى ئەجدادلىرىمىزمۇ شۇلارنىڭ تەنقىدىنى قوبۇل قىلمىغاچقا، بىزنىڭ بۈگۈنكى يازغۇچىلىرىمىزمۇ بىزنى تەنقىدلەشكە مەجبۇر بولدى. «ئوقۇ دەپ ئەمەس بەلكى، بىز يېڭىدىن يېڭى پەيدا قىلىۋاتقان ئىللەتلەرنى تۈزەت، بىزنى ۋەيران قىلىدۇ» دەپ تەنقىدلەشكە مەجبۇر بولدى. لېكىن بىز ئۇ ئىللەتلەرنى ئېتىراپ قىلىشتا يوق، بەلكى، يازغۇچىلارغا تون پىچىۋاتىمىز. قارىغاندا بۇ خىل ئىللەتلەر بىزدە خېلى ئۇزاق داۋاملاشسا كېرەك. چۈنكى «ناچار ئىللەتلەرنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنى تەن ئېلىش كېرەك» (د.ئى.پىسارېۋ) ئىدى. بىراق، بىز تەن ئېلىشتا يوق،« مەندە بۇنداق ئىللەت يوق ياكى بۇخىل ئىللەت ھەممە مىللەتتە بار، مەندىلا بارمىتى» دەپ چىچاڭشىپ كېتىۋاتىمىز. بىز «كەمچىلىكلەرنى كۆرسەتكەن كىشىلەردىن مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك» (ب. پاسكال) ئىدى . بىراق، بىز ئۇلاردىن مىننەتدار بولۇشتا يوق، ئۇلاردىن ئاغرىنىۋاتىمىز.                     

       مەن بىزدىكى ياخشى تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە قارشى تۇرمايمەن، لېكىن، بىزنى ئاق قىلىپ كۆرسىتىشكە قارشى تۇرىمەن. چۈنكى بىز ھازىر تەنقىدكە مۇھتاج. بىز تەسەللىيگە مۇھتاج ئەمەس، ئاقىللارچە يول كۆرسىتىشكە مۇھتاج. كىچىككىنە ياخشلىقىمىزنى، ئارتۇقچىلىقىمىزنى بار دەپ، بىزدىكى ئېغىر مەسىلىلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىشكە، ئۇ مەسىلىلەرنى ئازغىنە ئارتۇقچىلىق ئارقىلىق قانات ئاستىمىزغا ئېلىشقا ئۇرۇنساق بولمايدۇ. بۇ ئۇرۇنىشىمىز بىزگە ياخشى ئاقىۋەت كەلتۈرمەيدۇ.               

       ئاخىرىدا شۇنداق دەيمەنكى، بىزدىكى ئىللەتنى كۆرسىتىپ يازما يېزىش، بىزنى ،مىللەتنى سۆككەنلىك ئەمەس، تىللىغانلىق ئەمەس، قاقشىغانلىق ئەمەس، بەلكى، بىزنى تەنقىد قىلغانلىق. تەنقىدنى كۆتۈرەلمىگەنلەرگە ياكى تەنقىد ئۆزىگە تىگىپ كەتكەنلەر قانداق چۈشەنسە، شۇنداق چۈشەنسە بولىدۇ. بىزنى تەنقىدلىسە ئۈمىتسىزلىنىپ كېتىمىز، چۈشكۈنلىشىپ كېتىمىز دېگەن ئاجىزلارنىڭ گېپى، بۇلارچە بولغاندا، تەنقىدلىسە چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن ئادەم، ماختىسا ، كۆككە كۆتۈرسە، پەخىرلىنىپ كېتىشنى، ھاۋادا ئۇچۇپ، كېتىپ يەرگە چۈشۈشنى خالىمايدىغان بولۇپ قېلىشنى بىلمەمدىكەن؟!


ئاپتور: تاش1               


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-25 09:59 AM  


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
arkiyar + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
uzumtal + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
xohsanam886 + 500 ئاپىرىن،مانا ئۇيغۇر ي.
boran120 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
musilina + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
kukhelal + 20 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 740   باھا خاتىرىسى

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن 3. ئېشەك دەرمىش: كاللام ئامان بولسىلا دېڭىزغا بېرىپ سۇ ئىچىمەن.

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1978
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18607
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7472 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 07:30:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
1670154432 + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك
nap~rat + 10 ئېسىل ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 60   باھا خاتىرىسى

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2473
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18796
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5987 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 07:55:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرۋەقە ،دېگەنلىرىڭىز ھەقىقەت ،بىز ئەنە شۇنداق ماختاشقا ،قۇرۇق خوشامەتكە كۆنۇپ قالغاچقا ،تەنقىد-تەربىيەنى قوبۇل قىلالمايۋاتىمىز،نەتىجىدە ئكزىمىزنى ئۆزىمىز بۇغۇپ قۇيىۋاتىمىز، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1670154432 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-24 07:56 PM  


ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 734
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5797
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 08:15:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەرۋەقە شۇنداق ،كەمسىتىشتىن  مەيۈسلىنىپ كەتمەي ، ماختاشتىن كىرىلىپ كەتمەي ، يىزىلغان ئەسەرلەرنىڭ مىغىزنى قۇبۇل قىلىپ ،شاكىلىنى ئىلغىۋەتسەكلا بولىدۇ دەپ قارايمەن .....

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4713
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 378 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 08:18:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تىما.تاس قالغانتىم مۇشۇ تىمىدا توختۇلۇپ مۇنبەردىكىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا قالغىنى.ھەقىقەتەن جۇرئەتلىك ئىكەنسىز. تەپەككۇرۇڭىزگە قايىل بولدۇم.بىخۇتلۇق ھەممىدىن يامان.تەنقىتنى تىللاش دەپ چۇشىنىش باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ خارەكتىرىگە چۇشىدۇ.ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەتسە مىنى تىللىدى دەپ ئۆيگە بارىدۇ .مەن بىرىنى ئوقۇتقۇچى دەپ كۆتۇرمەكچى ئەمەس ئوقۇغۇچىنى تەنقىتلىمەكچى.بىزدە تىخى مىللەتنى سۆكتۇڭلاردەپ چۇشكۇنلىشىپ كىتىدىغان ئادەمنىڭمۇ بولىشى ناتايىن .ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ئوڭشايلى ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ماقتىماي خەقلەر بىزنى ماختىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7720
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10184
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 373 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 08:50:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناۋاتنى لازىغا مىلەپ يىيىش ، بەكمۇ جايىدا ئوخشىتىش بوپتۇ.

دىل ئازار، خۇدا بىزار.

باشقىلارغا تەبە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 1504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7757
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 6493 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 08:52:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى يېزىپسىز. تاس قاپتىمەن ئىسمىڭىزنى تاكىس ياكى تاخ دەپ ئاتىغىلى. تېما ئاخىرىنى كۆرمىگەن بولسام ئىسمىڭىزنى  ئېسىمدە خاتا تۇتىۋالاركەنمەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5798
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 09:59:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ئويلىنىشقا ،تەپەككۈر قىلىپ كاللىسنى ئىشلىتىشكە مۇھتاج!

بۇيەرنى بىسىڭ!ئەرەپ تىلى ،ئىنگىلىز تىلى ،فىرانسۇز تىلى ،گىرمان تىلى ،قاتارلىق كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن ،

ئىزلار نەدە.......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 10:16:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزلەرگە خاس ئەمەس ھەممىدىن قاقشاش،
دۇرس ئەمەس ھەم  بىلمەستىن  ماختاش.





ئىزلار نەدە.......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 10:26:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۆۋەت ماڭا كەپ قاپتۇ ئىىكى ئېغىز سۆزلەپ قوياي،(ئسلىدىغۇ ئىنكاس يازمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئۆزۈمگە)*

مەركۇز تېما ئاپتورىنىڭ پىكرىنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن،  بىراق بىزدە مۇنداق بىر ئادەت با. يەنى موللام كۈلمەيىش ،كۈلسە تېلقىپ قالامىش دېگەندەك گەپ چىقمىسا جىم ، بىرەرىمىز بىرەر ئىشنى تەنقىد قىلدۇقمۇ بولدى سايراپلار كىتىمىز ھەممە تەرەپتىن .
مىلىتىز بۇنداق بولۇپ كىتۋاتىدۇ ، ئۇنداق بولۋاتىدۇ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى تىللاشمۇ خېلى مودا بولغان بىر زامانلاردا.
ئەمدى قارسام ئوغۇللارنى تىللاش مودا بولغاندەك، مللىتىزنىڭ ئەركەكىرى بۇنداق بولپ كىتۋاتدۇ ئۇنداق بولۇپ كىتۋاتىدۇ....(بەلكىم يۇقىردىكى تىللاش دېگەن سۆزنى تېما ئاپتورىنىڭ قارىشى بويچە تەنىدلەش دەپ ئالسام توغرا بولدىغاندۇ، لىكىن خاتالىقنى كۆرسىتىپ بېرىش ياخشى ئىش . لىكىن ئالدىغا چوقۇم مىللەت نامىنى قوشۇپ تەنقىدلەش زورۇرمو؟؟!)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqi.mardan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-24 10:27 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش