مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 735|ئىنكاس: 10

ئۆلۈم يولى_ھېكايە(ئەپچىلەم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8700
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 01:31:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆلۈم يولى

ھېكايە

مانا ،ئۇنىڭ كۈنلىرى يەنە بۇرۇنقىدەكلا بىكار ئۆتمەكتە، ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭدىن يىراقلاشقان ،يېقىن دوسىتلىرى، ھەتتا ئۇرۇق-تۇققانلىرى، قېنى ئەينى چاغدا ئەتراپىدا پەرۋانە بولغان ئاشۇ پەرى سۈپەت قىزلار ،ھەممە شەيئى ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتقاندەك،نەزىرىدە،دۇنيادا ئۇنداق ئادەم يوقتەك،ھىچكىمنىڭ خىيالىدا يوق ئىدى.  بىكارچىلىكتىن زىرىكىپ ھالال تەر تۆكۈپ ئىشلەي دېدى ئەمما تەغدىر بۇنىڭغا يول قويمىدى، بەلكىم تەغدىرمۇ ئۇنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرماقچى بولسا كېرەك ، بۇغۇ مەيلى  ئەمما ئۇنىڭغا ئەڭ ئېغىز كەلگىنى دادىسىنىڭ قاپىقىنى ئاچماي خۇددى نىمىلەردىندۇر يىرگىنگەندەك ئۇنىڭغا كۈن بويى ئېغىز ئاچماي ،بىرەر قېتىم بولسىمۇ دادىلىق مېھرى بىلەن باقمىغانلىقى ئۇنى ئازاپ ئوتىدا قىينايتى ، قېنى ئەينى چاغلاردىكى ئۇنىڭغا يولباش بولغان، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ، ئازاپ چەككەندە ھالىغا ھال-مۇڭ، دەردىگە دەرمان بولغان دادىسى ، ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۇن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ، پەقەت بىچارە ئانىسى  ئۇنىڭ ھالىغا يەتمەكچى بولغاندەك بالىنىڭ مۇڭچان كۆزلىرىگە قانداقتۇر بىر خىل ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان نەزەر بىلەن قارايتىيۇ ئەمما شۇ ئانىنىمۇ قانداقتۇر بىر كۈچ ئېغىز ئاچقۇزمىغاندەك پەقەت ئوغلىنىڭ دەردىگە دەرمان بولغانلىقىنى ئاشۇ پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزى ئارقىلىقلا ئىپادىلىيەلەيتى،مانا بۇگۈنمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى شۇنچە پەرىشان ، يالغۇزلۇقنىڭ ئازابىنى ئۇ يەتكىچە تارقانىدى، ئەلۋەتتە ئۇ ھەقىقەتەن قەيسەر بىر يىگىت بولۇشقا مۇناسىپ ، شۇ قاباھەتلىك چۈش قوينىدىن ئويغانغاندىن بۇيان ئۇ قانچىلىغان بەدەللەرنى تۆلىمىدى، ئاتالمىش دوسىتلىرىنىڭ نەزىرىدىن چۈشتى، يېقىنلىرىنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلدى ، ئەل جامائەتنىڭ ئاھانىتىگىمۇ چىدىدىغۇ؟ ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك ؟ مانا بۇ ئۇنىڭ نەچچە كۈندىن بېرى ئۆزىگە قۇيىۋاتقان سۇئالى ئىدى
-ئاھ! رەھىمسىز تەغدىر دەيتى ئۇ ئىچىدە ، ئېي ،ئۇلۇغ ئاللا بەندەڭنىڭ قايسى قىلغان گۇناھىغا مۇشۇنداق ئازاپلارغا دۇچار قىلىدىغانسەن ...
بۇ ھۇ-زارلار   ئاللاھقا بولغان سېغىنىشلار بۇنىڭ ئۆمرىدىكى تۇنجى قېتىملىق يۈرىكىدىن چىققان ھەقىقىي بىر نىدا ئىدى ،ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا تاتلىق ئۇيقۇ دېڭىزىغا غەرىق بولدى . نىمىشقىكىن ئۇ يەنە بىر قېتىم ئاللاھتىن مەڭگۈلۈك مۇشۇنداق ئۇيقۇغا كېتىشنى تىلەپ قالدى .
-ئۆلۇم! ئۆلۇم راستىنلا توغرا تاللاشمۇ ؟
ئۇ ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ كەتتى ,ياق! دېگەن گەپلا ھۆكۈم سۈرەتتى ئۇنىڭ كاللىسىدا ، ئۇ توساتتىن ئەقىل تاپقاندەك بولدى ، گويا قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشكەندەك ، ھەممە نەرسىلەر ئۇنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرىنىشكە ، قانداقتۇر بىرياخشىلىقتىن بىشارەت ئۇنىڭغا بەلگە بېرىۋاتقاندەك بىلىندى .
توغرا -دېدى ئۇ تاماكىسىنى ئاچچىق بىر شورىغاچ ،
-مەن ئەل_جامائەتنىڭ كۆزىگە نىمىشقا سىغمىغانلىقىمنى ئەجەپمۇ ئويلاپ باقماپتىكىنمىنا؟توختا ، شۇ چاغلارنى ئەسلەپ باقاي، جەمىيەتتىكى لۈكچەك بالىلار قاتارىدا خېلى يۈزۈم بارئىدى، تېخى ئارقامدىن  چاپان كۆتىرىدىغان كۆتەمىكەشلىرىممۇ مەن ئۈچۈن پەيۋەندە ئىدى، يانچۇقچىلىق مېنى بىر ۋاقىتلاردا خېلى زور شەرەپلەرگە ئىگە قىلغانىدى، بەلىكم مەھەللىمىزدىكى ياشلارغا مودىلىقنى ، چىكىشنى ،ئىچىشنى مەن ئۆگەتكەن بولسام كېرەك ، شۇڭا ئۇنداق بالىلار ھازىر دوقمۇشتا بىر ئۇچىراپ تۇرىدۇ ، ئامما بۇنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە نە ۋاخ، ، ئۇ كەسىپنىمۇ قىلمىغىلى بىرە يىل بولاي دەپ قالدى شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا ؟......
ئۇ قانداقتۇر بىر مۇتەپەككۇرلارغا خاس سالاپەت بىلەن ئۇياندىن بۇيانغا ماڭاتتى ، پات-پات بېشىغا شاپىلاقلاپ قۇياتتى .
-توۋا ، ما ئەخمەقلىقىمنى ، نىمىشقا بۇرۇنراق ئويلىمىغاندىمەن ، ئىسىت ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىم .
ئۇ شۇنداق دېگەچ پىشانىسىگە پاققىدە بىرنى ئۇردى ،خىيالچان كۆزلىرى چوڭقۇر ھەسرەتكە پاتقان ، گوياكى ھاياتىنڭ ئەگرى توقاي داۋانلىرىدا ئۇزاق يىل تاۋلانغان قېرى بوۋاي-مومايلاردەك،  ئەمدى ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى لىغىرلاپ ياشقا تۇلۇشقا باشلىدى

ئۇ بۈگۈن تۇنجى قەدەمنى باسماقچى ، مانا ئەتىگەندىلا ئاتا -ئانىسى بىلەن سۇسقىنا ئەھۋاللىشىپ تالاغا ماڭدى ، ھىچنىمە ئۆزگەرمىگەن كىشىلەر يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭدىن يىتىرقىغان ، ئەمما ھىچنىمە بولمىغاندەك قايناق شەھەر كوچىسىدا دادىللىق بىلەن قەدەم تاشلاپ كىتىپ باراتتى ، توساتتىن ئۇ يولنىڭ قىرغىقىدا بىر ياشانغان موماينىڭ قارشى تەرەپكە ئۆتەلمەي تەمتىرەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى ، ئۇ توساتتىنلا تۇنجى قېتىملىق ياردەم بېرىشنى مۇشۇ مومايدىن باشلىماقچى بولدى ،ئۇ موماي بار تەرەپكە يۈگرەپ كەلگىنىچە مۇماينىڭ قولىدىكى خالتىغا ئېسىلدى ۋە ئەمدى موماينى يۆلەي دەپ تۇرىشىغا  موماينىڭ ۋاي بۇلاڭچى دەپ ئالا تاغىل ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى، ئۇ قېنبى بۇلاڭچى دەپ تېڭىرقاپ يۈرگەندە قاياقلاردىندۇر بىر نەچچە نەپەر ئامانلىق قوغداش خادىملىرى كېلىپ ئۇنىڭ گېپىگە پەرۋامۇ قىلماستىن  ئۇنىڭ مەجبۇرى ساقچىخانىغا ئاپاردى ، ئۇقانچە چۈشەندۇرسىمۇ قىلغان گەپلىرى ساقچىلارنىڭ قۇلىقىغا ھىچبىر كىرەي دىمەيتى .
جىمى گۇناھ ئۆزەمدە ،دەپ ئويلىدى ئۇ ،
- ئەينى چاغلاردا خەقلەرنىڭ ئېغىزىدا يامان ئاتىغىم قالغاچقا ، ئۇلارنىڭ ماڭا مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتىشى ئېنىق ، لېكىن مەن چۇقۇم ئۇلارنى بۇخىل قاراشلاردىن ئۈزۈل-كېسىل يوق قىلىشقا تىرىشىمەن ...........
ئۇ ئۈن-تىنسىز قاماقتا ساق بەش كۈننى ئۆتكۈزدى ، ئۇ سىرتقا چىقىپلا نىمىنىڭ ھەقىقى راھەت ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئەپسۇزلانمايمەن دەيتى ئۇ ئۆزىگە پىچىرلاپ
-غەيرەتلىك بول ، ھەممە ئىشنىڭ  سەن كۈتكەندەك بولىشى ناتايىن ، سەن تۇنجى قەدەمنى باستىڭ گەرچە سەل ئاۋارچىلىققا ئۇچرىغان بولساڭمۇ ، ھامان ئۈمۈتۋار بولۇپ ياشا ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
توساتتىن كىملەرنىڭدۇر،ۋاي بۇلاڭچى،بۇلاڭچى،پورتىمالىمنى ئېپ قاچتى دېگەن ئاۋازى ئاڭلانىدى،ئۇ دېققىتىنى يىغىپ ئاۋازچىققان تەرەپكە قارىدى، بىر بۇلاڭچى ئۆزى تەرەپكە يۈگرەپ قېچىپ كېلىۋاتاتتى، ئۇ بۇ تۇنۇش چىراينى بىر قاراپلا تۇنىدى .
-دۇنيانىڭ قىسمەتلىرى ئاجايىپ ھە، ئەينى چاغلاردا ئۇنىڭ چاپىنىنى كۆتىرىدىغان ئادەم ئەمدى جەمىيەتتىكى دەڭلىق بىر ئالاقانات بوپتۇ دېسە ،
شۇلارنى ئويلاپ ئۇ ئىختىيارسىز كۈلىۋەتتى ، ئوغرى ئۇنىڭغا بارغانچە يېقىنلاشماقتا ئىدى، شۇ پەيىتنىڭ ئۆزىدە ئۇ قانداق قىلىش توغرىلىق نەچچە دەقىقىلىق ئىكىلىنىش ئىچىدە تۇرۇپ قالدى ...
پالاققىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئوغرى داق يەرگە يىقىلدى، ئۇ چاپانچىسىنى پۇتلىۋەتكەنىدى ، ئوغرىنىڭ قوللىرى قانغا بويالغان، ئىشتىنىمۇ يىرتىلىپ ، تىزىمۇ خېلى ئىغىر زەخمىلەنگەچكە يەردە ئىڭىراپ ياتاتتى ، ئۇ چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ قولىدىكى پورتىمالنى ئالدى ، ئارىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن پورتىمالنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى  ، ئىگىسى رەخمەتمۇ قىلماستىن ئۇنىڭ قولىدىكى پورتىمالنى سىلكىپ ئالدى ۋە
-توۋا قىلدىم ، قاراقچى بىلەن ئوغرىنىڭمۇ پېتىشالمايدىغان چاغلىرى بولىدىكەن ھە ، ما ئىككى بۇلاڭچىنىڭ ئۇيۇن كۆرسىتىپ كېتىشىدىن ئۆرگىلەي ، قوۋۇرغامنى ئىگىپ .
دېگىنىچە ئۇنىڭ قېشىدىن ئايرىلدى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ سەل ئاچچىغى كەلگەنىدى،خۇتۇننىڭ ئاچچىق تاپا-تەنىلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىگە نەشتەر بولۇپ سانجىلماقتا ئىدى، ئۇ خۇددى پوق يەۋالغاندەك بىئاراملىق ھىس قىلدى ، قايناق شەھەر كوچىسىدا ئۈمۈتسىزلىك بىلەن مېڭىپ ئۆزىنىڭ قاۋاقخانىغا كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالدى .ئۇ تۇيۇقسىزلا غەرىق مەست بولۇشنى، دۇنيانىڭ ، رەھىمسىز تەغدىرنىڭ ئاۋارچىلىقىدىن ئازراق بولسىمۇ قۇتۇلۇشنى ئويلاپ قالدى ، ئۇ ئاچچىقىغا پايلىماي نەچچە بوتۇلكا ھاراقنى ئارقا-ئارقىدىن ئىچىپ تۈگەتتى ، ئەمدى ئۇ خېلى تەڭشىلىپ قالغانىدى ئەمما ئىچىشتىن ھىچبىر توختاي دېمەيتى .گوياكى بارلىق قىلغان-ئەتكەنلىرىنى  مۇشۇ ھاراق بىلەن تەڭ دەپنە قىلىۋەتمەكچى بولغاندەك توختىماي ئىچەتتى ،ئۇ پەقەت قاۋاقخانىنى تاقايمىز دېگەن چاغدىلا ئاندىن بۇ يەردىن ئايرىلدى .
ۋاقىتمۇ خېلى يەرگە بېرىپ قالغان پۈتۈن ئەتراپ قاراڭغۇ ، ئۇ دەلدەڭشىگىنىچە تىمتاس كوچىدا كېتىپ باراتتى .ئۇ ئايدىڭ كىچىدىن ئۆزىگە تەسەلىي ئىزدىدى، ئۇ ئويلايتى
-قىزىق ئىش ، بۇ كىچىدە ماڭا ھېلىقىدەك نەپرەتلىك قاراشلار، يىتىرقاشلار نەگىمۇ يوقالغاندۇ،مەن بۇنىڭ دائىم مۇشۇنداق بولىشىنى قانچىلىك  ئۈمۈرت قىلمىغان ، ئاھ.....
ئۇ يەنە بىر قېتىم ئۇلۇغ ئاللاھقا سېغىنىپ ئۇنسىز ياش تۆكتى ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، نەلەردىندۇر يات بىر كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئۇ ھۇشىنى سەل يىغدىدە يېرىم دەلدەڭشىگىنىچە  ئاۋاز چىققان تەرەپكا قاراپ ماڭدى ، ئۇ كۆردىكى ، بىر تۇپ دەرەخنىڭ ئاخىرىدا بىر ئەر بىر قىزغا چىڭ يېپىشىۋالغانىدى، قىز ھەدەپ قارشىلىق كۆرسىتەتتىيۇ ئەمما ئەرنىڭ قولىرىدىن يولقۇنۇپ چىقالمايتى ، قاتتىق ۋارقىراشقا ئىنتىلگەندەك قىلاتتىيۇ ئەمما قانداقتۇر بىر توسقۇنلۇق ئۇنىڭ ئاغزىنى ئىغىز  ئاچۇرمىغاندەك قىلاتتى ، ئۇ قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ تۇرىتكىسىدە ئۇ ئەرگە قاراپ قاتتىق ۋارقىرىدى .
-يوقال!ۋۇ ئاناڭنى ، ھايۋان ھېچىڭىز ...
ئەر قاتتىق قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۇن تىنسىزلا بۇ يەردىن غايىپ بولدى، ئۇ قىزنىڭ سەبىي چىرايىغا قارىدى، سۇتتەك ئاينىڭ نۇرىدا قىزنىڭ خۇنۇكلەشكەن چىرايى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى، قىزنىڭ كىيىملىرى تىتىلغان ، ئۇچىسىدىكى چاپىنى قاياقلارغىدۇر تاشلانغان ، ئۇ  قىزنىڭ چاپىنىنى ئەكىلىپ بەرمەكچى بولۇپ ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرىشىغا لۆڭڭىدە ئىككى چارلاش خادىمى پەيدا بولۇپ قالدى ، ئۇلار قىزنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئىشنىڭ ئەھۋالىنى بىرە قۇر چۈشەنگەندەك بولدى دە ، ۋۇ ھايۋان دېگىنىچە ئۇنى دۇمبالاپ كەتتى، قىز بولسا نىمىلەرنىدۇر دېيىشكە ئىنتىلىۋاتقاندەك بىردە ئۇنىڭغا ،بىردە چارلاش خادىمىغا تەلمۈرۈپ تۇراتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىشتىن ئەيمىنەتتى .
ئۇنىڭ قانچىلىك تاياق يىگىنى نامەلۇم ، ئورنىدىن تۇرغاندا قۇياش ئاللىقاچان نەيزە بويى ئۆرلىگەن ،ئېغىز-بۇرنى قان ھالدا لىڭدەيدە ياتاتتى، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى تاياق زەربىسىدىن  قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ ماڭغۇدەكمۇ ھالى قالمىغانىدى ، شۇڭا  ئۆيگە كىرا قىلىپ كەتمەكچى بولۇپ پورتىمالىغا قارىدى ، پورتىمال قۇپقۇرۇق ، دېمەك .....
-ھا!ھااھا!ما ئىشنىڭ ئۆزەمنىڭ بېشىغا كەپقالغىنىنى ، قانداق قاپ يۈرەك ئوغرىدۇر ، تەپ تارتماي مېنىڭ پورتىمالىمغا چاڭگا سالغانكىن .
ئۇ شۇلارنى ئويلاپ كۈلگىنىچە پورتىمالنىڭ كىچىك بىر يانچۇقىنى ماتلاشقا باشلىدى ، ئۇ ھەممىسى بىرموچەنلىك پۇلدىن ئوننى ساناپ ئالدى دە كوچىدىكى ئاپتۇبۇس بېكىتىگە بېرىپ ئاپتۇبۇش ساقلاپ تۇردى، بىكەتتە ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم يوق ، لىكىن ئۇ ھىچبىر ھەيرانلىق ھىس قىلمايتى .مانا ئاپتۇبۇس كەلدى ، ئۇ بەدەنلىرىنى ناھايىتى تەستە يۆتكەپ ئاپتۇبۇسقا چىقتى ،ئاپتۇبۇستا ئادەم لىققىدە، ئۇ ئامالسىز ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، بۇرۇنقى چاغلىرى بولسا ئۇ مۇنداقلا بىر قاراپ قۇيىدىغان بولسا بوش ئورۇن ئۇنىڭغا تەييار ئىدى .لېكىن بۇرۇنقى ئۇ ئاللىقاچان ئۆلدى ، ئەمدى مەۋجۇت بولمايدۇ.
ئۇ چوڭقۇر خىيال ئىچىدە دەرىزىدىن سىرىتقا نەزەر تاشلاپ تۇراتتى،توساتتىن ئۇ ئەتراپىغا نەزەر تاشلاپ قالدى، ھەممە ئادەملار ئۇنىڭدىن يىرگىنگەندەك ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشاتتى، ئەمما ئادەملار مىغ-مىغ بولغاچقا ئۇيان-بۇيانغا مېنىڭ تەس توختايتى ،ئۇ ئۆزىنى بىر گۇناھكاردەك سېزىپ بارا-بارا ئاپتۇبۇسنىڭ ئارقىسىغا سۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئاپتۇبۇستا كىملەرنىڭدۇر ئۇ توغرىلىق كۈسىرلىشىۋاتقان گېپى ئاڭلىنىپ تۇراتتى ،ئۇنىڭ قۇلىقىغا ھىچقانداق گەپ كىرىدىغاندەك ئەمەس،ئۇنىڭ كۆزى توساتتىن يېنىدىكى ئۆزى دېمەتلىك بىر ياش يىگىتكە چۈشۈپ قالدى، ئۇ يىگىتكە قارىغان چېغىدا  ئۇ يىگىتنىڭ كۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، يىگىت نىمىلەرنىدۇر ئىشارەت قىلىپ ئۇنى جىم بۇلۇشقا دەۋەت قىلدى ، ئۇ يىگىت كۆز ئىشارىتى قىلغان مۇشۇ نەچچە سىكۇنىت ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ قەلىپ ئېكرانىدا بىر رەڭسىز كىنو پەيدا بولدى.
ئۇنىڭ يانچۇقچىلىق قىلىپ يۈرگەن چاغلىرى ئىدى، ئۇكۈنى بازاردا تۈزۈك ئادەممۇ يوق ،ئامالسىز ئۇ ئولجىنى كوچا ئاپتۇبۇسىدىن ئىزدىمەكچى بولدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارقىسىغا ئۈچ چاپانچىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ئاپتۇبۇسقا چىقتى، مانا ئولجا دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە ، مىغ-مىغ ئادەملار قاتارىدىن ئۇ بىر كىشىنى نىشانلىدى، ئۇ ئاستا كىلىپ ئەرنىڭ ئارقا يانچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى ،گەپچە ئاپتۇبۇستىكى بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىنى كۆرگەن بولسىمۇ ھىچكىم چىش يېرىپ بىرنەرسە دېيەلمەيتى .توساتتىن بىرى بىرنەرسە دېمەكچى بوللۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىتىشكە باشلىدى ،ئەمما ئۇنىڭ چاپارمەنلىرى قانداقتۇر بىر ۋەھىمىلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ قۇيىۋىدى ئۇ كىشىمۇ شاپپىدە بولىۋالدى.
قىزىق ئىش ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە ....ئۇ يېنىدا تۇتقۇچقا ئېسىلىپ تۇرغان ئايالغا شەپە بەرمەكچى بولۇپ ئايالنى ئاستا نۇقىدى ، ئەمما ئۇ ئايال ھىچبىر سىزىدىغاندەك ئەمەس، ئۇ يەنە بىر قېتىم نۇقاي دەپ تۇرىشىغا بىر قول كاپپىدە قىلىپ ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالدى .
-ۋاي !يانچۇقچى ،
ئۇ خۇتۇن توساتتىنلا ئالا-تاغىل ۋارقىراپ ئاپتۇبۇستىكىلەرنى چۆچىتىۋەتتى ،بۇ چاغدا ئاپتۇبۇسمۇ كىيىنكى بىكەتكە كېلىپ بولغانىدى ،يانچۇقچى چاققانلىق بىلەن ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى .
-ھەدە ،پورتىمالىڭىز، ئەنە ئاۋۇ ئېپ قاچتى ،
ئۇ ئاپتۇبۇستىن بېشىنىچىقىرىپ يانچۇقچى غايىپ بولغان يەرنى ئىما قىلدى .
-يانچۇقچى ، نېمە يانچۇقچى، پورتىمالنى چىقىرامسەن يوق ، كىمەڭنى ئالداۋاتىسەن كىم  بىلمەيدۇ ئىككىڭنىڭ شىرىكلىكىنى ، پورتىمالنى بەر دەيمەن ، ھېلى بىكار....
كىشىلەر تەرەپ تەرەپتىن ئۇنى ئەيىپلەشكە باشلىدى ، ئۇ  ئۈششۈك تەككەن چۈجىدەك جىم تۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيتى.
-توۋا ،بىر چىرايلىق بالىكەن ، دۇرۇس ئىش قىلسا بولمامدۇ دەيمەن
-قانداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلاردۇ بۇ ،
-زادى ، ھازىرقى ياشلارزە،..
-ئۇكام پورتىمالىنى قايتۇرۇپ بەر ، ئۆزەڭمۇ خىجىل بولۇپ قالىدىغان ئىشنى قىلما .
كىشىلەر ئۇنى تەرەپ-تەرەپتىن ئەىپلەشكە باشلىدى ،ئۇنغىچە ھېلىقى ئايالمۇ ئۇنىڭ يانلىرىنى ئاختۇرۇپ ئۈلگۈردى .
-پورتىمالنى چىقار دەيمەن ، ھېلى ساقچى چاقارسام .... ،
ئۇ ئايالنىڭ راستىنلا ئاچچىغى كەلگەنىدى ، توختىماي سۆزلەشلەر ئۇنىڭ قەلبىدىكى نەپرەتنى قايتىدىن ئويغاتتى،شۇڭا ئۇ كىشىلەرنىڭ گېپىگە پەرۋامۇ قىلماستىن ئاپتۇبۇستىن يۈگرىگىنىچە چۈشۈپ كەتتى .....
-قاراڭلار،قاراڭلار ! قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپتۇ ، مېڭىڭلار چۈشۈپ قاراپ باقايلى .
كوچىغا ئادەملەر توپلىشىۋالغان ، ماشىنىلارنىڭ ئۆتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، كىشىلەر بىرنىڭ كەينىدىن ئۇلىشىپ ئادەملەر ئارىسىغا كىردى ، بىر بالا بەدەنلىرى قانغا مىلەنگەن ھالدا يەردە سۇنايلىنىپ ياتاتتى ، يىراقتا بولسا بىر ئانا قىزىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان ، بىر ئەركىشى ھەدەپ ئۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى جىددى سۈرۈشتۈرىۋاتاتتى ، قىزچا بەش ياشلارچامىسىدىكى بىر نارىسىدە ئىدى ، بەلكىم بەك قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك،ئانىسىغا چىڭ يېپىشىپ تۇراتتى، بالىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىر ماشىنا توختىتىپ قۇيۇلغان ،بەلكى ۋقە سادىر قىلغان ماشىنا شۇ بولسا كېرەك .كىشىلەر يەردە سۇنايلىنىپ يەتقان يىگىتنىڭ قېشىغا ئولىشىۋالغان ، بەزىلىرى يەرگە قاراپ نىمىلارنىدۇر پىچىرلاشسا ، بەزىلىرى ياقىسىنى چىشلەپ توختىماي توۋا دەيتى .
-ۋوي بۇ ،ھېلىقى ئاپتۇبۇستىكى بالا شۇغۇ
-شۇكەن شۇكەن، قاراڭلار ..
تېخى ئۆلمىگەن ئوخشايدۇ، مىدىردۋاتىدۇ
-كونىلار ئەسكىگە ئۆلۈم يوق دەپ ناھايىتى توغرا ئېيىتقان ، بۇنساق يانچۇقچىلارنى .....
يەردە ياتقان يىگىتنىڭ بەدىنى قاتتىق بىرسىلكىنىپ كەتتى .
- ئۇنداق دېمەڭ قېرىندىشىم ، مەيلى قانداق بولسۇن ھەممىسى ئاللانىڭ بەندىسى ئەمەسمۇ؟
بىردەمدىن كېيىن قۇتقۇزۈش ماشىنىسى،ساقچى ماشىنىسى كەلدى،يىگىتنى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا سېلىپ ئۇزاپ كېتىشتى...

مانا ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى، نەچچە ئاي بولدى ئۇ مۇشۇ كېسەل كارۋىتىدا ياتقىلى، ئەمما ئۇ قىلچىلىك مەيۈسلەنمىدى،چۈنكى ئۇ بۇ يەردە ئازراق بولسىمۇ ئىللىقلىققا ئېرىشتى ، ئۇ پۇتىنى ئاستا كۆتۈرگىنىچە بالنىستىن چىقتى، ئۇ ئاقساپ ماڭغىنىچە ، شەھەر كوچىسىغا ھەۋەسلىنىپ قارىدى، ھەممە كىشى ئۇنىڭ مەۋجۇلىقىنى ئۇنۇتقاندەك ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلمايتى،ئامما بۇرۇنقى يېتىرقاشلار يوقالغان نەپرەتلىك كۆزلەرمۇ ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرمىغان ئىدى ،ئۇ قەدەملىرىنى ئاستا ئالغىنىچە ئالدىغا قاراپ ماڭدى ،ئالاھەزەل يېرىم سائەت ماڭغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ توپ تارقىتىش ئورنىغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدى .
- ئۇكام ،ئىش بار ،قىلامسەن
-ھە،ھە ..
يۆتكەيدىغان ئازراق مال بار ، ئىشلەمسەن دەيمەن .
ئۇ دەماللىققا نېمە دېيىشىنى بىللەلمەي قالدى ، ئەمما ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ،ئاكا مەن ئىشلەي ،مەن ئىشلەي دەپ تالىشىپ -چۇقىرىشىپ كەتكەنلىكىنى  كۆرۈپ ئۇ كىشىگە ئىشلەشكە ماقۇل بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 7~8ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى ، ئۇلار بىنانىڭ 8-قەۋىتىگە چىقتى .
-قىلىدىغان ئىشىڭلار،مۇشۇ يىشىكلەرنى بىرىنچى قەۋەتكە ئەچۈشسەڭلا بولىدۇ، ئىش ھەققىڭلارنى جايىدا بېرىمەن .
-خوجايىن ،يىشىكتىكى نېمىلەر ئۇ ؟
-ئاياغ، ئوغىرلاپ كىيىۋالما جۇمۇ ،ھا!ھا!ھا!
خوجايىن ئۇلار بىلەن قىسقا چاقچاقلاشقاندىن كېيىن ئۇلارغا تېز ئىشلەشنى جىكىلەپ ،بۇ يەردىن ئايرىلدى ، ئۇلار ھە-ھۇ دېيىشىپ بىردەمدىلا ماللارنى بىرىنچى قەۋەتكە تۇشۇپ بولدى،ئۇلار خوجايىندىن ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن 8- قەۋەتتە خوجايىننى ساقلاپ تۇردى، بىردەمدى كىيىن ئۇ كىشىمۇ كەلدى، خوجايىننىڭ قاپىغى تۈرۈلگەن ، كىشىلەر نېمە بولغاندۇ دەپ قىياس قىلىشىپ سۈكۈت ئىچىدە خوجايىننىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتۈپ تۇردى .
-سىلەرنى مەن خېلى ئىشەنچىلىك دەپ شۇنچە ئادەملەر ئىچىدىن تاللاپ ئىشلەتكەن، ئەمما ، ھازىر قارىسام ئىككى جۈپ ئاياغ كەم چىقتى ، شۇڭا  ئاياغنى تىقىىۋالماي ماڭا ۋاقتىدا بېرىپ ئىش ھەققىڭلارنى ئېلىۋېلىڭلار، ئەگەر ئاياغ چىقمايدىكەن ھىچقايسىڭلار ، ئىش ھەققىمنى ئالىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭلار .
بالىلار ،مەن ئالمىدىم دېگەن نەزەردە بىر بىرىگە قارايتى ، توساتتىن بىرى ئېغىز ئېچىپ قالدى .
-خوجايىن مەن بايا ئاۋۇ ئاقساقنىڭ ساندۇقنى ماتلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن
كىشىلەرنىڭ نەزىرى تېزدىنلا ئۇنىڭغا مەركەزلەشتى، ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تىپىرلاپ كەتتى .
- ياق . مەن ...مەن ئالمىدىم خوجايىن ، مەن شۇ قانداق ئاياغلاركىن دەپ ....
ئۇ قانچە چۈشەندۇرسىمۇ خوجايىن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدى ، ئۇ نەچچە سائەت گەپ قىلىپمۇ خوجايىننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ئامالسىز شۈكلەپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن خوجايىن ئاياغنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتىۋالماقچى بولدى ، ئۇ ئارتۇق گەپ قىلماي يۈگۈرگىنىچە پەلەمپەيگە قاراپ ئېتىلدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ پۇتلىرى قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى ، ئۇ چىشنىنى چىشلەپ بىنانىڭ ئۆگىزىسىگە چىقتى، ئاھ!خۇدا دەيتى ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا،
-ئاھ خۇدا بىچارە بەندەڭنىڭ دەردىگە قاچانمۇ يىتەرسەن .
ئۇ يىراق -يىراقلارغا نەزەر تاشلىغىنىچە خىيالغا پېتىپ قالدى ، ئىككى تامچە ياش ئۇنىڭ مەڭزىنى بويلاپ چۈشمەكتە ئىدى، ئۇ توساتتىن <<كونىلار ئەسكىگە ئۆلۈم يوق دەپ بىكارغا ئېيىتمىغان >>دېگەن گەپنى ئەسلەپ قالدى ، ئۇ ئاستا ئالدىغا ماڭدى ، مانا بىنانىڭ ئالدىغىلا كېلىپ قالدى ،شۇ تاپتا ئۇنىڭ كالىسىدا پەقەت بىرلا سۆز يەنى ئەسكىگە ئۆلۈم يوق دېگەن گەپلا بار ئىدى ، ئۇ توساتىن ئۆزىنى قۇيىۋەتتى ، ئۇ خۇددى لەرزان ئۇسۇل ئوينىغان مامكاپتەك ئاستا لەيلەپ پەسكە چۈشمەكتە ئىدى ،شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ روھى بىلەن جىسمىنىڭ ئايرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى، ئۇ ئاخىرقى قېتىم دۇنياغا ئىللىق تەبەسسۇم قىلدى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسىدىكى<<ئەسكىگە ئۆلۈم يوق >>دېگەن گەپ بارا-بارا يوقىماقتا ئىدى .

ئاپتۇر ئىلاۋەسى: مەن ئەسلى<< قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھاببەت>> دېگەن خىيالىزىملىق ھېكايىنى يېزىش ئۈچۈن قەلەمنى قولۇمغا ئالغىنىمدا ،بۇنىڭ تېخى ھېكايىنىڭ باشلىنىشى بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئويلاپ باقمىغانىدىم،كىيىن  ئەسىرىمنى مۇنبەرگە يوللىغاندىن كېيىن كەڭ مۇنبەرداشلار بۇنىڭ ئەسەرنىڭ ئايىغى ئەمەسلىكىنى ، بەلكى باشلىنىش نوقتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى شۇنىڭ بىلەن مەن قەلەمنى يەنە قايتىدىن قولۇمغا ئېلىپ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھاببەتنىڭ ئىككىنچى ،ئۈچىنچى قىسىمىنى (خاتىمىسىنى) يېزىشقا كىرىشتىم ، كىيىن بۇ ئەسىرىممۇ روياپقا چىقىپ مۇنبەرداشلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى ، لېكىن مەن نېمىشقىكىن بۇ ئەسەرنى يەنىلا ئاخرلاشمىغاندەك ھىس قىلدىم ،شۇنىڭ بىلەن قانداق ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئويلاندىم ، ئەلۋەتتە ئەسىرىم خىيالى تۇرمۇشنى ئاساس قىلغان شۇڭا مەندە توساتتىن رىئاللىققا يۇزلىنىش ئىدىيىسى شەكىللىنىپ قالدى شۇنىڭ بىلەن ئەسەر مەزمۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن ئاساستا (يانچۇقچى)دېگەن ھېكايىنى يازدىم ،ئەلۋەتتە بۇنىڭ خارەكتىرى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھاببەت بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ بىراق مەنبە بىر ، بۇ ھېكايەممۇ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ خېلى ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ھېكايەمنى تامان بولدى دەپ قارىدىم ،ئامما  ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن توساتتىن ھېكايىدىكى<< مەن>>نىڭ كەچۈرمىشىنى تېخىمۇ بېيىتىش ئاساسىدا يۇقارقى <<ئۆلۈم يولى >> دېگەن ھېكايىنى يازدىم ، بۇ قېتىم ئۇنى ئۈچىنچى شەخىس تىلىغا يىغىنچاقلاپ  تىراگىدىيە ئارقىلىق بۇ ھېكايىنى ئاخرلاشتۇردۇم .
شۇ تاپتا ئەسەرگە قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن ، خىيالىمق ئەسەرنىڭ ئىچىگە بەنىت بولغان ، ئادەم تۇغۇلغاندا ئاشۇ خىيالى دۇنيا قوينىدا ياشىغاندەك ھىچنىمىدىن غەمسىز ياشايدىكەن ، ئامما چوڭ بولغانسىرى ، بۇنىڭ ھامان بىر رىئاللىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدىكەن  ، مانا ۋاقىتلارمۇ ئۆتىۋىرىدىكەن كىشىلەر قىلغان ئاشۇ خاتالىقى ئۈستىدە توۋا قىلغان بولسىمۇ ، ئەپسۇز ئۇلار تولىمۇ كىچىككەن ..............
بۇ ھېكايەم جەمىيەتتىكى ئاشۇنداق  تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان دوستلارغا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىپ يېزىلدى .

ھېكايىنىڭ قالغان بۆلەكلىرى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-87246-1-1.html
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-88299-1-1.html

                                                مەنبەسى: ئەپچىلەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-5 04:15 AM  


گـەرچـە مـەن جەمىيـەت تەرىـپىدىن لۈكـچـەك دەپ ئاتالغـان بولـسامـمۇ، لېـكىن  ئۆزەمنـىڭ ھامـان بىر پارلىغـان يۇلـتۇز بولـىدىغانلـىقـىمغا ئىشىنىمـەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3490
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 09:53:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىڭز بەك ياخشى يېزلىپتۇ رەھمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82960
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3042
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-7-25
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 10:36:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، ياخشى ھېكايە ئېكەن http://adris.cn/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4219
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 10:40:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزپسىز ئەپچېلەم بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق يازمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۇلمىسۇن.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26351
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 11:21:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ، بىچچارە بالا  ، بۇرۇن قىلغان ئەتكەنلىرى ئۈچۈن ، ياخشى ئادەم بولاي دىگەن ۋاختىدا يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ يۇرۇپ بەك ئۇۋال بوپتۇ
ھىكايىڭىز ئادەمنى قايىل قىلارلىق ، ھەم بەك تەسىرلىك ئاخىرلىشىپتۇ  

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5606
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 11:59:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپىسز،يولدىن ئازغانلارمۇ توغرا يول تاپسۇن!

«كىمىكى ئىلىم ئىلىش يولىغا قەدەم قويسا،ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتكە ماڭىدىغان يولنى ئىچىپ بەرگەن بولىدۇ!»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 03:24:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز . رەھمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85751
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 06:20:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،قەلەم كۈچىڭىز ياخشىكەن،ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن ئىشەنگەن ھەم يېقىن بىلگەن جان دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ..................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85696
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 402
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2012-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 09:42:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم تۇلپارىڭىز ھامىغاي. ئەجىرىڭىزگە تەشەككۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5772
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 11:14:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنىڭ ئۇسلۇبى ئامىركىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى 欧·亨利  ئوۋخېڭلى يازغان «警察与赞美诗» ،يەنى «ساقچى ۋە مەدىھىيە ناخشىسى  »غائوخشىشىپ كېتىدىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش