مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 656|ئىنكاس: 10

يانچۇقچى (ئەپچىلەم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8700
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 12:59:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يانچۇقچى

ھېكايە


- خىيالى دۇنيادىكى مەۋھۇم ئاشىقىم ماڭا تەن بېرىپتۇ، يازغان خەتلىرىنىڭ تاتلىقلىقىچۇ تېخى، ماڭا چىن سۆيگۈ ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەخمەت دەيدۇ، توۋا، مۇھاببەت دېگەن مۇشۇمىدۇ ئەمدى؟ئۆزەم كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر قىزنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولدۇم دېسە ، شۇنچە ئۇزۇندىن بىرى مەن ئۇنىڭ رىئاللىق بولىشىنى ئويلاپ كەلدىم ،ئۇنىڭ مۇھاببىتىنى رىئال دۇنيادىكى ھەر بىر شەيئىدىن تېپىشقا ئىنتىلەتتىم ،ئەمما مەن قانچە ئىنتىلگەن سىرى خىيالى دۇنيانىڭ قاينىمىغا چۆكۈپ كەتتىم ، ئويلىسام ئەخمەقلىق ،چىكىدىن ئاشقان خىيالپەرەزلىك ،بەزى چاغلاردا كىتاپلاردىكى بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قېلىش دېگەن گەپلەرنى ئاڭلسام ئۆزەمچە كۈلگۈم كېلەتتى.قانداق كۆڭۈل باردۇ ئۇلاردا ؟دەپ ئويلاپمۇ قالاتتىم ،ئەمدىلىك بولغاندا مەنچۇ؟ئۇلاردىنمۇ ئۆتە شەيدا بولدۇم مەپتۇن بولدۇم ،بىزنىڭ تىلىمىز بويىچە ئېيىتقاندا بۇنى بىر ئۇقۇپ ئاشىق بولۇش دەيمىز.تۆلىگەن بەدەللىرىمنى ئۇنىڭ بىلىشىنى خالىمايتىم ،چۈنكى قىزلارغا دەت تۆكۈش مەن ئۈچۈن ئۇيات ئىدى.ئەمما ئۇ ھەممە ئىشتىن خەۋەرداركەن ، مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان شەيدالىقىمنى ،ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان ئەخمىقانە ئىشلىرىمنى ئۇ چوڭقۇر تۇنۇپ يىتىپتۇ.خۇددى ئۇ رىئال دۇنيادىكى سايەمدەك دېسە ، مەن ئۇنى بىر ئۆمۈر سايە قىلىشنى ئويلايتىم ئەمما تەغدىر ماڭا چاقچاق قىپتۇ ،چۈشلەر قوينىدا مېنى ئەركىلىتىپتۇ ، مەن ئۈچۈن رىئال دۇنيا بىلەن خىيالى دۇنيا بىرلىشىپ بىر كومىدىيە سەھنىسى ھازىرلاپتۇ.مەن رولنى ھەقىقەتەن ۋايىغا يەتكۈزگەنىدىم ، تەغدىرمۇ ئاجايىپ دېسە ،رىئال دۇنيادا مەندىن باشقا ئادەم يوقتەك مېنى باش پىرسۇناژ قىلىپ چىقىپتۇ.ھا!ھا!ھا! مەن كىچىكىمدىن ئۆزەم ئارزۇ قىلغان خىيالى دۇنياغا بېرىشنى خالايتىم ،ئۇيەرنىڭ ئىللىق باغرىدا ئەركىلەشنى ،مۇھاببەتنىڭ شىرىن لەززىتىدىن ھۇزۇرلىنىشنى خالايتىم بىراق،دەل شۇ ۋاقىتتا مەۋھۇم دۇنيادىن بىر پەرىشتە كېلىپ رىئال دۇنياغا ياق مېنىڭ قەلبىمگە مۇھاببەت ئۇرۇقى چاچتى .بىر ئىشقا تولىمۇ ئاچچىقىم كېلىدۇ دېسە ،ئۇيۇننى ئۆزى باشلاپ قۇيۇپ سەھنىدە مېنى يالغۇز تاشلاپ قويدى .
شۇ چاغدا نېمىشقىمۇ رول ئالماسلىقنى ئويلىشىپ باقمىغان بولغىيتىم .بەزىلەر قىزبالا دېگەن شەيتان دەيدىكەن ئەجىبا خىيالى دۇنيادىكى قىزلارمۇ ئوخشاشمىدۇ؟

ئۇ قىزنىڭ ئاخىرقى خېتىنى چىڭ سىقىلىغىنىمچە تىمتاس خىياللار ئىچىگە غەرىق بولۇپ كېتىپتىمەن ،كاللامدا بىرلا سۇئال ،قىزبالا راستىلا شەيتانمىدۇ دېگەن سۇئاللا ئەكىس ئېتەتتى، مەن رىئالقىقا تەن بەرگەنىدىم ، ئۇ ياخشى كۆرۈشلەرنىڭ پەقەت بىر  چۈش ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەنىدىم .

-ئەمدى رىئاللىققا يۈزلىنىشىم كېرەك !

قاتتىق ۋارقىرىغىنىمچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم .قولۇمدا يىرتىلغان قەغەز ئىختىيارسىز بارماقلىرىمدىن  قىزىل گۈلنىڭ بەرگىدەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى .شۇ تاپتا ئۇ قىزغا  بولغان سەۋدايىلارچە بولغان ئىشىق ئوتى ئاشۇ تىمتاس خىياللار بىلەن تەڭ  غەرىق بولغاندەك قىلاتتى . نەچچە  دەقىقىلىق كۈچلۈك ھاياجاندىن كېيىن يەنە جىمىپ قالدىم .كۆڭلۈم بىر نىمىنى سەزگەندەك قىلاتتى ،قانداقتۇر بىرخىل ئىچكى ھىسيات مېنىڭ قەلبىمنى قامال قىلىۋالغانىدى.

مەن قورقتۇم،رىئال دۇنياغا يۈزلىنىشتىن ،شىرى چۈشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشتىن قورققاندەك قىلاتتىم ،ماڭا خۇددى يەنە بىر كومىدىيە سەھنىسى ھازىرلانغاندەك ،ھەممە تۇيغۇلىرىم تۇرمۇزلىنىپ قالدى ، يەنە شۇ خىيالى دۇنيا ، يەنە قانداق  روللار مېنىڭ ئېلىشىمنى ساقلاپ تۇرىدىغاندۇ ؟

*
ھىچبىر نىشانسىزلا كوچىغا چىقتىم.ھەممە ئادەملەر ماڭا پەرۋاسىز قارايتى ، شۇ چاغلاردىكى ماڭا بولغان يىتىرقاش ياكى ھەۋەسلەر بولسۇن ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلانغانىدى ،كاللام قۇپقۇرۇق ، نە ئويلايدىغان خىيال ، شۇ تاپتا مېڭەم قۇرۇق لىنتىغا ئوخشاپ قالغانىدى . تۇيۇقسىز بىر كوچا ئاپتۇبۇسى ئالدىمغا كېلىپ توختىدى ، ھەجەپ ۋاقتىدا كەلدى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ،يول مېنىڭ ماڭا راستىنلا ئېغىر كەلگەنىدى ،ئاپتۇبۇشتا بوش ئورۇن خېلى كۆپ ئىدى ، ئارقا تەرەپكىراق ئۆتۈپ يالغۇز كىشلىك بىر ئورۇندا ئولتۇردۇم ، شەھەر كوچىسىدا ئاپتۇبۇس بىر خىل رېتىم بىلەن مېڭىۋاتاتتى، ئىككى بىكەت ئۆتە-ئۆتمەيلا ئاپتۇبۇسقا ئادەم يىغىپ كەتتى .چىققا كىشىلەر ئارقا تەرەپكە، ھەدەپ مەن بار تەرەپكە سۈرۈلۈشكە باشلىدى .
-قانداق شوپۇر بۇ،قوتانغا مال سولىغاندەك ئادمنى سېلىۋەرگىچە ئەمدى بولدى قىلىپ يولىنى داۋاملاشتۇرماي.
شۇنداق خىياللارنى قىلىپ تۇيۇقسىز يېنىمدىكى ئۆرە تۇرغان بىر كىشىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ، ھەيرانلىق نەزىدە ئەتراپقا قاراپمۇ ئۈلگۈردۇم .
-قىزىق ئىش ، بۇ ھەممە ئادەم ئاشۇ پاسۇندىكى ئىشتاننى كىيىۋاپتا؟
ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدىم  ئەينى ۋاقىتلاردا مەن دائىم چاي تۆكۈپ غايىبى ئاشىقىمغا كۆڭلۈمنى ئىپادىلەيدىغان ئاشۇ سۆيۈملۈك ئىشتىنىم ئەمدى كىشىلەر ئارىسىدا مودىغا ئايلىنىپتۇ دېسە، ھەممە ئەرلەر دېگۈدەك شۇ بىر خىل پاسۇندىكى ئىشتاننى كىيىۋالغان ، كۈلكەمنى زورىغا بېسىپ سىرىتقا قاراپ ئولتۇرماقتىمەن ،ئادەملەر بارغانچە جىقىيىشقا باشلىدى، يېنىمدا ئۆرە تۇرغان ئادەم ھەدەپ مەن تەرەپكە سۈرۈلەتتى، ئاچچىق بىرنى ئالىيىپ خىياللار قوينىغا غەرق بوپ كېتىپتىمەن.
نىمىشقىكىن بىر ئىشقا ئىنتىلگەندەك قىلاتتىم ، قانداقتۇر بىر نەرسىنى توختىماي ئىزدەشكە تىرىشاتتىم ، توغرا ئىشتانغا سېلىنغان خەت .ئۇزاق بوپتۇ ماڭىمۇ ئىشتانلىرىمنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپمۇ قويمىغىلى . ..
تۇيۇقسىز ئاپتۇبۇس بەرگەن سىگىنالدىن چۆچۈپ ھۇشۇمنى يىغىۋالدىم ، قارىسام بىر قولۇم ئاللىقاچان يېنىمدىكى كىشىنىڭ يانچۇقىغا سېلىنىپ بوپتۇ ، قىزىقىش ئىچىدە ئۇ ئادەمنىڭ ينچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ، قارىسامھىچبىر سېزىدىغاندەك ئەمەس،قولۇمغا بىر نەرسە ئۇرۇلغاندەك قىلاتتى، خوشاللىقىمدىن ۋاھ! دەپ ۋارقىراپ ساپتىمەن ، ئادەملەرجىق  بولغاچ ئاۋازىمنى ئاڭلىيالمايتى ،ماشىنا توختىدى ، يېنىمدا ئۆرە تۇرغان ئادەم ئالدىراش ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى .شۇ چاغدا سەل ئەقلىمنى تاپقاندەك بولۇپ قۇلۇمغا قارىدىم .پورتىمال، بىر پورتىمال قۇلۇمغا ئىلمىشىپ قالغانىدى ،دەرۇ ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ ئۇئادەمگە پورتىمالنى بەرمەكچى بولدۇم ،لېكىن قايناق بازاردا ئۇ ئادەمنى يۈتتۈرۈپ قويغانىدىم .
كىچىككىنە قورقۇش ئىچىدە پورتىمالنى ئاچتىم ،نەق پۇل يوق ئىكەن ، ساپلا كارتا دېگەندەك نەرسىلەر تۇراتتى .
-ئىگىسىنى ئۇچرىتىپ قالسام قايتۇرۇپ بېرەرمەن .
شۇنداق خىيال ئىچىدە پورتىمالنى يانچۇقۇمغا سالدىم ، راست گەپنى قىلسام پورتىمالنى يانچۇقۇمغا سېلىۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە ئۆزەمنىڭ بۇ پورتىمالنى ئۇ ئادەمنىڭ يانچۇقىدىن قانداق تۇيدۇرماي ئېلىۋالغانلىقىمغا سەل ئەقلىم يەتمەيۋاتاتتى.يەنە بىر قېتىم سىناپ باقمايمەنمۇ؟ دېگەن نىيەتتە ئولجا ئىزدەشكە باشلىدىم ،قارىسام بۇ ئادەم دېڭىزىدا ئولجىلار خېلى كۆپ ئىدى، شۇڭا شاپپىدە ئالدىمدىكى بىرىنىڭ كەينىگە چۈشتۈم.
-ۋاھ! نىمىدىگەن ياخشى، ئەجەپ سەزمەس نەرسىلەركەن ئاۋۇ ، يانچۇقىدىكى پۇلىنى ئېلىۋالسىمۇ  ئۇقمىغان ، ئەجەپ قورقتۇم دېسە نەچچە ئادەم مۇنداقلا قاراپ قويىۋىدى ،دەپ قۇيامدىكى دەپ سەت قوقتۇم جىمۇ.
بىر خىل ۋەھىمە پورتىمالمنى  ئاختۇردۇم ، ئىچىدە لىققىدە پۇل تۇراتتى، ساناپ باقسام مىڭ كويدىن جىقراق ،خوشالىقىمدا پورتىمالنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىپ ، پۇلغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كەتتىم ،ئەلۋەتتە ،پۇلدىكى خەتنى ئۇقۇش ئۈچۈن پۇل
ئوغىرلىمىغانىدىم ، بەلكىم بۇمۇ يۇشۇرۇن تالانىت بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم ئىچىدە .
قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىم تاقالغاندىن بېرى قولۇم سەل قىسقا بولۇپ قالغانىدى ،مۇشۇ كۈنلەردە كۈندە ئۆيدىكىلەردىن پۇل سوراۋېرىپ ئۆزۈممۇ سەل خىجىل بولۇپ قالغانىدىم ،بۇمۇ ياخشى بولدى ئەمدى ، قولۇمدا گۈلدەك ھۈنىرىم تۇرسىمۇ بايقىماپتىمەن دېسە ،پۇلغا قاراۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە مەن ئۆزەمنىڭ نىمىش قىلىۋاتاقنلىقىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان ئىدىم ،
-ئامىن ! سەدىقە بالانى يە...
يېنىمدا تۇيۇقسىز بىر ساھىل پەيدا بوپ قالدى، قارىسام كىيىملىرى جۇل-جۇل، بىر تېرە،بىر ئۇستىخانلا بولۇپ قاپتۇ، قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا 20كوينى ئۇ ساھىلغا سۇندۇم ،ئۇ ماڭا نۇرغۇن ھەمدۇ سانالارنى ئېيتىپ ئۇزاپ كەتتى . ...
كوچىدا خېلى ئۇزاق ئايلانغان بولساممۇ ،پۇلنى قانداق خەجلەشنى ئۇقالماي بېشىم قېتىۋاتاتتى ، نىشانسىزلا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ، ھەي پۇل !ھەي پۇل ،ئەجەپ نەرسە جۇمۇ سەن  ، توساتتىن قىلغان ئىشىمدىن ئۆزەمچە نۇمۇس قىلىپ قالدىم ،نىمىشقىكىن ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ <پۇلنىڭ قۇلى بولما>دېگەن ئاڭ ئىدىيەمدە شەكىللەنگەنىدى ، ئەمما ھازىر مەن قۇل بولدۇممۇ ياكى پۇلنى مەن قۇل قىلدىممۇ بىلمەيۋاتاتتىم. يەنە خىيال ، شۇ چوڭقۇر خىياللار ئىچىگە غەرىق بولۇپ كېتىپتىمەن  ، ئەتىسى تۇرسام بەدىنىم شۇنداق يىنىك ، بەلكىم بۇ مېنىڭ ئاشۇ خەتنى قولۇمغا ئالغاندىن بۇيانقى ئۇخلىغان ئەڭ شىرىن ئۇيقۇم بولسا كېرەك. تامىقمنىمۇ يېمەستىن سىرتقا چىقتىم ، راستىنى ئېيىتسام ئاخشام پۇلنى قانداق خەجلەش توغرىلىق ئويلاپ قويغانىدىم، تاكسىدىن شاپپىدە بىرنى توستۇمدە دىيارىمىز بويىچە خېلى نامى بار دېسكۇخانىغا كىردىم ، ئاجايىپ خەق باردە  جاھاندا ، مانا ھەش-پەش دېگۈچە بۇ يەردىكى دوستلىرىم جىقىيىپ قالدى ، شۇنچە گۈزەل نازلىنلار، ئەتراپىمدا پەرۋانە ئىدى، بەلكىم شۇ چاغدا پۇلنىڭ كۈچىنى ھەقىقى ھىس قىلغان بولغىيىم .توساتتىن بىرسى ماڭا چىقىپ باق دەپ تاماكىدىن بىرنى سۇندى ، مەنمۇ تاماكا چەككەچكە ھىچ ئويلانماستىنلا قۇلۇمنى ئۇزاتتىم . ئاتا ئانامىنڭ  تۇيۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھاراقتىن ئۆزەمنى  تارتتىم ، باشقىلارمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى ، شۇ كۈنى ھاراقتىن باشقا بارچە كەيىپنى قىپتىمەن ، كۆڭلۈم تولىمۇ خوشال ، ئولتۇرىشىمىز خېلى ئۇزاق داۋاملاشتى ، يىگىتلەر بىردىن قىزلارنى يىتلىگىنىچە نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى ، قارىسام پەقەت مەنلا قاپتىمەن ، ئامال يوق ھىساۋات قىلىشقا باشلىدىم.
-نېمە؟300سوم
چىكەمدىن ئىس چىكەتتى ، پورتىمالىمنى ئاختۇرغانىدىم 1200كوي چىقتى ، قانداق قىلىش كېرەك ، بۇ يەر ئەزەلدىن نىسىگە ئۇنۇمايتى، كىمدىنمۇ پۇل سورارمەن ئەمدى ، جىددىيلىك ئىچىدە ئەتراپىمغا قارىدىم ، ئۇدۇلو تەرەپتىكى بىر جوزا تېخى تارقىماپتۇ، شۇئان كۆڭلۈمگە جىن چۈشتى ، ئازراق گۇمپا ئىشلىتىپ قۇيىۋىدىم 3000كوي پۇل تەق بولدى ، ئۆزەمنىڭ بۇ ھۈنىرىمدىن سۆيۈنگىنىمچە ھىساباتنى ئۈزۈپ ئۇ يەردىن ئايرىلدىم ....
_بالام ، يېقىندىن بېرى خەج پۇلۇڭنى بەرمىدىم ،سەنمۇ سورىمىدىڭ ، ئوغۇل بالىنىڭ قولى بەكمۇ قىسقا بولسا بولمايدۇ ، پۇل لازىم بولسا تارتىنماي دەۋەر،  يامان يولغا كىرىپ پۇل تاپىدىغان ئىشنى قىلما.
-بولدى، پۇل بار مەندە .
شۇنداق دېگىنىمچە دادام بىلەن خوشلاشتىم ، نەچچە قەدەم ماڭا -ماڭمايلا تېلفۇنۇم سايراشقا باشلىدى ، بۇ يەنە بىر ئورۇن سورىنىنىڭ تۈزۈلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىدى ، مۇشۇ كۈنلەردىن بۇيان جەمىيەتتىكى لۈكچەكلەر ئارىسىدا خېلى ئابرويلۇق كوچا لودالىرىدىن بولۇپ قالغانىدىم .ئارقامدىن ئەگىشىدىغان پەيجالىرىممۇ جىقىيىپ قالغانىدى.ئاكا دېسە ئاكا دەپ ئەتراپىمدا  پايپەتەك ئىدى، بۇرۇنقى چاغلاردا مەھەللىمىزدىكى بىر قىسىم يىگىتلەرنىڭ ئىشتىمىنىڭ پۇشقىقىنى قاقسامۇ قىزبالا دېگەن توكۇلداپ چۈشىدۇ دېگەندەك گەپلىرىگە ئاغزىمنى ئېچىپ قاراپ قالاتتىم ، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەنمۇ ئەشۇنداق ئىشلارغا دۇچ كەلدىم ، قىزبالا كۈندە ئارقامدىن  سوكۈلدايتى ، يانچۇقچىلىقتىن ئىبارەت بۇ بازار تېپىۋاتقان كەسپىمنىڭ دۆلىتىدە كۆرمىگەننى كۆردۇم ، ئۆزەممۇ سەزمەي  قاپتىمەن يۈرۈكۈم بارغانچە قارداپ كېتىپتۇ ، ئەمما مەندە بولارنى ئويلايدىغان ئىدىيە ئاللىقاچان دەپنە قىلىنغانىدى، ئاق تاماكا چىكىشنى ئۆگىنىۋالغاندىن باشلاپ پۇللار سۇدەك ئېقىشقا باشلىدى، نامىم بەك چىكەتتىمۇ ئەيتاۋۇر كوچىدا ماڭساممۇ خەقلەر ماڭا بىر خىل قورقۇش ئىچىدە قاراپ قۇياتتى، نەچچە قېتىم ساقچىخانىلاردىمۇ يېتىپ چىقتىم ، يەنە شۇ پۇلنىڭ كۈچى ، بۇ يەردىكى ساقچىلارمۇ مېنى خېلى ئوبدان تۇنۇيتى ،قىسقىسىنى ئېيىتقاندا ئۇلارمېنى ئەمەس بەلكى پۇلۇمنى خېلى ئوبدانلا تۇنۇپ  قالغانىدى، مېنىڭ شوركىلىرىم بۇ يەرگە پات-پات كىرىپ قالاتتى ، نىمە ئامال ، ئۇلار مېنى ئاكا دەپ شۇنچە چوڭ بىلىۋاتسا ...شۇنىڭ بىلەن ساقچىلارغا پۇل سۈڭگۈتمەي بولمايتى ، كىيىنچە ساقچىلارمۇ مېنى ھۆرمەتلەپ ئاكا ،جان دەپ چاقىرىدىغان بولدى، ھەر قېتىم پەيسوغا كىرسەم مېنى كۈتۈپ بولالماي ئاۋارە ئىدى .كۈنلىرىم يانچۇقچىلىق بىلەن ئۇيۇن تاماشا بىلەن ئۆتمەكتە،مۇشۇ كۈنلەردىن بۇيان مەھەللىدە مەن توغرىلىق گەپلەر ئاۋۇپ قالغانىدى ، خەقلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا لەنەت نەزىرى بىلەن قارايتى ، نىمىنى يۇشۇرغىلى بولسۇن ، ھەممە ئادەمگە مېنىڭ يانچۇقچى ئىكەنلىكىم بەش قولدەك ئايان ئىدى.
-چاتىقىم نېمە ، خەقمۇ قولىدىن كەلسە ئۆگەنسۇن ،مانا مەن ئۆگىتىپ قويىمەن.
ئۆزەمچە كۈلۈپ كەتتىم ، شۇ تاپتا ئۆزەمنى بىر چولپاندەكلا سىزەتتىم ، ئەجەپ قالتىس ماھارەت بار جۇمۇ دەپ ئويلايتىم ،بۈگۈن دوستلىرىمممۇ كۆرۈنمەيتى ، نىم بولدىكىنا ؟ تەئەججۈپ ئىلكىدە  يېڭى تۇنۇشقان مابەتكە تېلفۇن قىلدىم ، مانا ھەش دەپ بولغىچە ئۇمۇ كېلىپ بولدى ،يەنىلا شۇنچە گۈزەل ، جەمىيەت تىلى بويىچە ئېيىتقاندا ناھايىتى سەتەڭ ئىدى، ئەلۋەتتە ھەمممىسى پۇلنىڭ كۈچىدە ، ئۇنىڭ بىلەن خېلى ئايلانغاندىن كىيىن  دېسكوخانىغا كىردۇق ، ھەمىنىڭ كۆزى ئىككىمىزدە ئىدى، ئەڭ چىرايلىق سەتەڭ بىلەن ئەڭ ئابرويى بار لۈكچەك، ئۇلار تەرەپ-تەرەپتىن بىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى، ئۇنىڭ بىلەن قانغۇچە ئويناپتىمەن ، ئەتىسى ئۇخلاپ ئويغانسام ياتاقتا ، ئۇنىڭ بىلەن بىر يېتىپتىمەن ، ئۇنى بەزلەپ ئويغىتىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم ،ئۆيگە بارمىغىلى ئۈچ كۈندىن ئېشىپتۇ ، شۇڭا تاكسى توسۇپ مانا ئۆيگىمۇ كەلدىم .
-ھەي! بۇياققا چىقە !
دادامنىڭ بۇ سوغۇق مۇئامىلىسىدىن سەل خۇدۇكسىرەپ ھويلىغا چىقتىم ، دادامنىڭ چىرايىدىن ئىپادىلەش تولىمۇ قىيىن بولغان بىر خىل ھىسيات ئىپادىلىنىپ تۇراتتى، كۆڭلۈمگە ھەممە ئىش ئايان بولغانىدى، دادام ھەدەپ كايىيتى ، ئەمما قۇلۇقۇمغا گەپلىرى تەسىر قىلىدىغاندەك ئەمەس ،ئاچچىقىمدا دادامغا ۋارقىرىغانىمچە ئۆيدىن چىكەتتىم .
-بولدى قىلساڭ بولمامدۇ؟ يانچۇقچىلىق قىلسام مەن قىلدىم...
قاۋاققا بېرىپ بۇلۇشىغا ئىچىپتىمەن ، ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرسام ساقچىخانىدا قاماقتا يېتىپتىمەن ، بۇ ئىشتىن تولىمۇ تاساددىبىيلىق ھىس قىلىپ ساقچى باشلىقىنى چاقىرىم ، مەن بۇ يەرگە نۇرغۇن قېتىم كىرىپ باققان بولساممۇ لېكىن بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم قاماقتا يېتىشىم ئىدى.
ساقچى باشلىقى بۇرۇنقىدەكلا ماڭا خوشامەت قىلىشىغا باشلىدى ، ئەسلىدە ئاممىنىڭ ماڭا بولغان نارازىلىقى بارغانچە كۈچىيىۋاتقاچقا ، مېنى مۇشۇنداق سولاپ قۇيۇشقا مەجبۇر بوپتۇ ،تېخى بىر ھەپتە سولامىش. 
ئۆزەمنىڭ مۇشۇنداق تەسىرى بارلىقدىن كۈلگۈم كەلدى ، بۇ قېتىم ئۇلارغا پۇل كار قىلمىدى، بىراق ئۇلار ماڭا يەنىلا شۇنچە قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى .بىر كۈن ئۆتۈپ كەتتى ، ئەتىسى بۇ يەردە تۇرۇشقا پەقەتلا چىدىماي ،ساقچى باشلىقىنى چاقىردىم ، ئۇزاق سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇ ئاخىرى ماڭا كۆڭلىدىكى گېپىنى دېدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە مەن مۇشۇ يەردىن كەتسەملا مېنى قويۇپ بېرەمىش ،كاللامغا بىر بىرسى پىجۇ بوتۇلكىسى بىلەن ئۇرغاندەكلا بوپ كەتتى ،دوست -يارەنلىرىم ، ئاتا -ئانام تۇرسا ، ئۇلارنى قانداق تاشلاپ كېتەلەيمەن ، ئۆزەمنىڭ قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا چۇڭقۇر سۈكۈتكە چۆمگەنىدىم.   
-بالام...
تۇيۇقسىز بىر يىغا ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاشقا باشلىدى.
-بالام، جىگىرىم بالام ، ھەممە ئىشنى ئۇقتۇق.......
ئانامنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا تاقىتىم قالمىدى، ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم ، بىر قاراپ قىلغان ئىشىمغا تۆۋە قىلاتتىم ، شۇ دەقىقىدە تۇنجى قېتىم ئۆزەمدىن يىرگىندىم ، بىراق نە ئامال ، تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ دە .شۇنىڭ  بىلەن ئانامدىن رازىلىق ئېلىپ بۇ يۇرتتىن خوشلاشتىم ....
مانا بۇ چوڭ شەھەرگە كەلگىنىمگىمۇ نەچچە كۈنلەر بولۇپ قالدى، ئاللاھنىڭ رەھىمى بىلەن يامان يولدىن قايتىپ سىڭگەن نېنىمنى يەپ ياشىماقتىمەن ، ئەلۋەتتە، ئۆيدىكىلەر يولۇق تۇتقان پۇل بىلەن جان بېقىۋاتاتتىم ، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم چوڭ شەھەرگە كېلىشىممۇ ئەيتاۋۇر ، ھەر بىر نەرسە مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغايتى ، بىر ئىشقا تولىمۇ ھەيران ئىدىم ، بۇ يەردە ماڭا ئوخشاش يانچۇق ماتلاشقا ئامراق كىشىلەر خېلى جىق ئىدى، بەزىلىرى تېخى مەندىن ئۇستا ئىدى، ھەيران قالاتتىم ، بۇلارنىڭ ئاختۇرۇش تاكتىكىلىرىمۇ ھەرخىل، مەنمۇ نەچچە  قېتىم سىناپ باقاي دېدىميۇ ئەمما ئانامنىڭ تىلىكى ماڭا ھەمرا بولغاچقا بۇ ئىشتىن ئۆزەمنى تارتىۋالدىم ، كۈنۈم  يەنىلا ئاقنانچىلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە . بۈگۈنمۇ ئادەتتىكىدەك  ياتاقتىن چىقىپ تاماق يىگىلى ئاشخانىغا ماڭدىم .
-كۆزۈڭگە قاراپ ماڭساڭ بولمامدۇ؟
-كە...كەچۈرۈڭ.
ھالىنىڭ يوغانلىقىنى ئۆزى ئۈسۈۋېتىپ مەندىن چوڭ  گەپ قىلىدىيا ، ئۆزەمنىڭ يۇرتى بولغان بولسا...شۇنداق دەپ غۇدۇڭشىغىنىمچە ئاشخانىغا كېلىپ قاپتىمەن ، توساتتىنلا تالادا ماجىرا چىكەتتى ، بۇ قىزىق ئۇيۇندىن قۇرۇق قالماسلىق ئۈچۈن تامىقىمنى ھاپىلا -شاپىلا يەپ ئەمدى چىقاي دەپ تۇرۇشۇمغا
-ھوي، ئۇكام پۇل، پۇل !
ما ، خىجىلچىلىقنى ، ئالدىراشچىلىقتا، پۇل بېرىشنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن ، كەچۈرۈڭ ، شۇنداق دېگەچ يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ، توساتتىن بەدىنىمنى قارا تەر باستى، پورتىمالىم كۆرۈنمەيتى ، 2000سوم پۇل بىردەمدىلا غايىپ بولغانىدى،شۇ تاپتا يىغلاي دەپ قالغانىدىم ، قانداق قىلىش كېرەك ، ئامالسىز خوجايىنغا پۇل يوقلىدىنى ئېيىتتىم ، ئەسلىدە مەن ئۇنى بولدى قىلىۋىتەمىكىن ، كۈندە تاماق يەپ تۇرغانكىن دەپ خاتا ئويلاپتىمەن ، نەدىكىنى تولىمۇ يولسىزئادەمكەن ئۇ، پۇلۇمنى بەر دەپ تۇرۇپلاۋالدى ، ئامال يوق ، ئۇنىڭغا ئىشلەپ بەرمەكچى بولدۇم ...
مانا بۈگۈن بۇ يەردە قاچا يۇيىۋاتقىلى بەش كۈندىن ئاشتى ،لېكىن مېنى ھىچبىر قۇيۇپ بېرىدىغاندەك ئەمەس ، كىملىكىمنى ئېلىۋالمىغان بولسىغۇ ئاللىبۇرۇن كېتىپ بولاتتىم ، ئۆتەپ كەتكەن بىر ئۇششۇققا ئۇچىراپتىمەن ،كۈنلىرىم شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋاردى ، بىر ھىساپتا بۇمۇ ياخشى بولغانىدى، ياتاق، تاماقتىن غەم قىلىشىم يوق ،ئەممازە ، قىزبالىدەك كۈندە چىنە -تەخسىنى سىلاپ ئويناش ماڭا سەل ھار كەلگەنىدى ...
مانا بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ ئادىتىمدىكىدەك بۇ ناتۇنۇش شەھەرنى ئايلىنىشقا باشلىدىم ، كوچىدا تەنھا مېڭىۋاتىمەن ، بۇ شەھەر مەندىن يېتىرقىدىمۇ ياكى مەن بۇ شەھەرگە كۆنەلمىدىمۇ ئىشقىلىپ ئۆزەممۇ ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بىر خىل ھىسياتتا كىشىلەر توپىدىن ئۆزەمنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىزدەيتىم ، توساتتتىن بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى
-يانچۇقچى، ۋاي يانچۇچى ،تۇتۇڭلار!
دېگەندەكلا بىرسى مەن تەرەپكە يۈگىرەپ كېلىۋاتاتتى، شۇ چاغدا ئۇنى تامامەن تۇتىۋالالايتىم ، ئەمما  شۇ پەيىتنىڭ ئۆزىدە ئۇ ئوغرى مېنىڭ قېشىمدىن ئۆتىۋاتقاندا بەدىنىمنى يانتۇ قىلىپ ئۇنىڭ قېچىشىغا يول ئېچىپ بەردىم .
- قىزىق بالىكەنسىزغۇ، توسىۋالسىڭىز بولمامدۇ، بىچارىنىڭ .....
-ھازىرقى ياشلار زە، غۇرۇر-پۇرۇر دەپ سۆزلەشتىن باشقىنى ئۇقمايدۇ .
- توۋا ، ئاجايىپ كىشىلەر با دە دۇنيادا .
تۇنجى قېتىم باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىپلىنىشكە ئۇچرىغانلىقىمدىنمىكىن ، نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي بەز يېگەن مۈشۈكتەك تۇرۇپلا قالدىم ،كىشىلەرمۇ مېنىڭ جىم بولغانلىقىمنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كەتتى، بۇلارنىڭ توختىماي كوتۇلداشلىرىغا ئەمدى تاقىتىم قالمىغانىدى .
-بولدى، ئوغىرلىسا مېنىڭ پۇلۇمنى ئوغىرلىمىدىغۇ، نىمانداق قايناپ كەتتى ما خەقلەر .
شۇنداق دېگىنىمچە كىشىلەر توپىدىن ئايرىلدىم ساراڭ خەقكەنغۇ ئۇلار ، توۋا ، يانچۇقىدىكى پۇلغا ھىزى بولماي ....
-ھەي  ماڭ ما يۇندىنى تۆكىۋەت،
-مەن قاچا يۇيۇپ بېرىشكە مەسئۇل، ئۆزەڭ تۆك.   
-ۋىيەي ، ما كەلگۈدىنىڭ گېپىنى ، خوجايىننىڭ تۇزىنى يىگەنكىن بۇنچىلىك ئىشنى قىلمىساڭ پۇقەڭ دورىمۇ بىزگە.
-ما سولامچىنى
پارتىلاي دەپ قالغانىدىم ، ئاغزىدىن  سەت گەپنىڭ چىقىشى بىلەن تەڭ ئۇنى گالاچچىدە بىر مۇش سېلىۋەتتىم، ئۇرۇش پارتىلىدى، بىز خېلى ئۇزاق مۇشلاشتۇق ،ھىچكىم بىزنى ئايرىپ قويىدىغاندەك ئەمەس ،
-باللا،باللا ، لوبەن كېلىۋاتىدۇ
بىزمۇ خۇددى دېيىشىۋالغاندەكلا  ئۇرۇشۇشتىن توختاپ قالدۇق......
.................
-نىمانداق ئىشىڭ تولا سېنىڭ ، قاراپ باقە قىلغان ئىشىڭغا ، ئەمدى بىر يىل ئىشلىسەڭمۇ زىياننى تۆلەپ بولالمايسەن، ئەمدى ئەتىدىن باشلاپ قاچا يۇيۇش، ئاشىانىنى تازلاش ،يۇندا تۆكۈش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزەڭ قىلىسەن .
ئۈمۈتسىزلىنىش ئىچىدە خوجايىننىڭ قېشىدىن ئايرىلدىم ،ياتاققا كىرسەم ھەممە ئادەم غەرىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ،پەشۋانىڭ پۇرىقىدىن ئادەم ئېچىلىپمۇ بىر نەپەس ئالالمايتى ،بۇ يەردىنمۇ رايىم قايىتتى، سىرىتقا چىقىشنى قارار قىلىپ ئاسقۇدىكى چاپىنىمنى ئالدىم ...
شەھەر كېچىسى تولىمۇ جىمجىت، توساتتىن يۇرتۇمدىكى يانچۇقچىلىق بىلەن ئۆتكە كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم ،ھەي!ئانامغا ئۇ ئىشنى قىلمايمەن دەپ ۋەدە بەرمىگەن بولسام بۇ چاغقىچە ، بۇ يەردىمۇ بىر كىشلىك ......بولدىلا بولمىغۇر خىياللارنى قىلماي .
شۇلارنى ئويلاپ كەچلىك بازارغىمۇ كېلىپ قاپتىمەن ، بۇ يەردە ئادەم خېلى باركەن ، توساتتىن قورسىقىمنىڭ بىر بۈرجىكىنىڭ ئىچىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ يانچۇقۇممنى ئاختۇردۇم ، نەدە پۇل دەيسىز، توساتتىن شەيتاننىڭ كەينىگە كىردىم ، يېنىمدىن شۇنداق پۇزۇر كىيىنىۋالغان بىر كىشى بىر ئايالنى قولتۇقلاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.
-ئەمدى سېنىڭ گۇمپاڭنى ئىشقا سالىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى.
شەيتاننىڭ دەيدەيگە سېلىشى بىلەن قۇلۇمنى ئۇنىڭ يانچۇقىغا سالدىم ، ۋاخ، تېخى ھۈنىرىمدىن قالماپتىمەن ، مانا ھەش-پەش دېگۈچە ئۇىنڭ پورتىمالىنى جۆندەپ بولدۇم ، قارىسام 3000سومدىن جىق پۇل باركەن، بۇ پۇل قورساق تويغۇزىشىمغا يەتكەن بىلەن زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا يەتمەيتى.
-شۇ دۇكاندىن ئايرىلسام پەقەت قىلمايمەن بۇ يانچۇقچىلىق دېگەننى ، كەچۈرۈڭ ئاپا،
شۇ خىياللار بىلەن يەنە بىر ئولجىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم ، ھايال ئۆتمەيلا ، ناھايىتى مودا ياسانغان بىر خېنىم ئايىغىنى تاراسلىتىپ مەن تەرەپكە كەلدى.
-بۇنداق كىيىنىۋالغان بىلەن چۇقۇم ، ھېلىقىدەك نەرسە بۇ ، تۈزۈك پۇل چىقمايدۇ يېنىدىن .
شۇنداق ئويلار بىلەن ئۇنى يېنىمدىن ئۆتكۈزىۋەتتىم، ئەمما ئۇ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن نىمىشقىكىن ئۇنىڭ سومكىسىغا بىرە قېتىم بولسىمۇ چاڭگا سېلىپ باققۇم كەلدى، پاھ! كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم ساپمۇ ساق 15مىڭ كوي ، خوشاللىقىمدا ، يۈگۈرگىنىمچە ياتاققا قايتىپ كەلدىم ، ئەتىنىڭ پاتراق كېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم ....
خوجايىن ، ئالدىغا تاشلانغان پۇلغا قاراپ مەڭدەپ تۇرۇپلا قالغانىدى، ئۇ گەپمۇ قىلماي كىملىكنى ماڭا بەردى، شۇ تاپتا ئۇىنڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكىرىۋەتكىم بارئىدى ئەمما ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم ، كىملىكىمنى ئېلىپ شۇ كۈنىلا يۇرتقا قايتىدىغان پويىز بېلىتىدىن بىرنى  ئالدىم ، ئەمدى بۇ شەھەردە بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇم يوق ئىدى، نەچچە تامچە ياش مەڭزىمنى بويلاپ سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى، بۇ ئاشخانىدىن قۇتۇلغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئاپامغا بەرگەن ۋەدەمدە تۇرالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئازاپلىنىپ تۆككەن ياش ئىدى ، مېنى كەچۈر ئاپا....
پويىز ۋاقىت كارىدۇرىغا كىردى ، قىلغان ئىشلىرىم ئۇستىدە يەنە بىر قېتىم ئويلىنىشقا باشلىدىم ، چۈنكى بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋاقىت كارىدورىدا سەيلە قىلىشىم ئىدى، ئەمما كاللامدا پەقەت بىرلا ئېغىز گەپ ئەكىس ئىتەتتى.
-ئەمدى يانچۇقچىلىق قىلمايمەن، ئەمدى يانچۇقچىلىق قىلمايمەن !  





مەنبەسى: ئەپچىلەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-29 03:08 PM  


گـەرچـە مـەن جەمىيـەت تەرىـپىدىن لۈكـچـەك دەپ ئاتالغـان بولـسامـمۇ، لېـكىن  ئۆزەمنـىڭ ھامـان بىر پارلىغـان يۇلـتۇز بولـىدىغانلـىقـىمغا ئىشىنىمـەن ...

nima disam bola amdi??

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31413
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5520
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 367 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 10:04:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ خەتتە نىمە دەپ يازغان بولغىيتى ئۇ مەۋھۇم ئاشىقىڭىز؟؟
مەن سەل چۈشەنمىگەندەك قىلىمەن بۇ يازمىنى....

ھەربىر قەدەمنى ياخشى ئويلۇشۇپ ئال !بوممىسا مەڭگۈ پۇشايمان ئىچىدە ياشايسەن!!!

كۈلكە جان ئوزۇقى !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41410
يازما سانى: 1845
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14080
تۆھپە نۇمۇرى: 95
توردا: 631 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 10:35:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ يانچۇقچىلىق بىلەن بوپ كېتىپ ، ئاۋۇ سىرلىق خەتنىڭ مەزمۇنىنى دەپ بەرمىدىڭلىيا ئاداش ؟

بۇلبۇل خالىغان گۈلگە قونالايدۇ ، گۈل خالىغان بۇلبۇلنى قوندۇرالمايدۇ .

_________ ئاخسا يىگىت
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80163
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2012-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 10:51:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85292
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 294
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-9-21
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 11:12:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىيال دۇنياسىدا ياشايدىغانلارغا قول قويماي تۇرالمايمەن

بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 3G كارتىلىرىنى چۈشىنىپ كۈرۈڭ! بىرلەشمە خەۋەرلىشىش مەخسۇس مىكروخېتى (xjunicom نى ئىزدەپ قوشۇۋېلىڭ)
60 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى ، 6GB تور ئېقىم مىقدارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85169
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-9-17
ئاخىرقى: 2012-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 08:10:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس،ھېلىقى  خەتتە نىمە دەپتۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85482
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 85
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-9-28
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 09:00:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                             
                                                         رەخمەت  قېرىندىشىم   
    قەلەملىرىنڭ  سىياسى   قالمىدىمۇ  قانداق   

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5867
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 44083
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2419 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 10:59:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىيالى تەسەۋۋۇر بىلەن رىئاللىقنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ يازغان بۇ ھېكايىڭىز  جەلپ قىلارلىق چىقىپتۇ،قىزىقىپ ئوقۇدۇم...
يانچۇقچىنىڭ پىسخىك تەسۋىرىنى  جايىدا ئىپادىلەپسىز...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26351
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 10:42:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    جەلىپ قىلارلىق چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84822
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-9-7
ئاخىرقى: 2012-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 10:47:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەلىپ قىلارلىق چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن .مەڭگۈ لۈك داۋاملاشقۇسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش