مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1167|ئىنكاس: 21

قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھاببەت(ئەپچىلەم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 516
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7798
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 05:41:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھاببەت(خاتىمە)

خىيالىزىملىق ھېكايە

3-قىسىمى

تۇرمۇشۇم تەدىرىجى ئىزىغا چۈشۈشكە باشلىدى، مانا بۈگۈنمۇ ئادەتتىكىدەك ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈزۈمنى يۇيۇش ئۈچۈن تازلىق ئۆيىگە ماڭدىم ، ئەمدى قۇلۇمغا سۇ ئېلىپ يۈزۈمنى يۇياي دەپ تۇرۇشۇمغا ..........
ئەپتىمگە قاراپ ھەيران قالدىم ،ساقاللىرىم بىر غۇلاچ ئۆسكەن ، چاچلىرىم پاخپايغان سۆرۈن تەلەتىم مېنى ۋوللىۋوتتىكى ئالۋاستى ئوبرازىنى ئالىدىغان چولپانلاردىن قېلىشمىغۇدەك ھالەتكە ئەكىلپ قويغانىدى .
-توۋا،مۇشۇنداق تەلەتىم بىلەن قانداقمۇ سىرتقا چىققاندىمەن؟باشقىلارنىڭ مەندىن ئەيمىنىپ  قېچىشى بىكار ئەمەسكەندە؟
تۇرقۇمدىن ئۆزەمچە خىجىل بولۇپ ساتراچخانىغا بىرىپ ساقال- بۇرتۇمنى  ياسىنىش نىيىتىگە كەلدىم .
-ئالە شەرىڭنى
كېىيىۋلغان كىيىملىرىم تېخىمۇ ۋەيرانى ئىدى، ئىشتىنىمنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ ، تارىلىپ نەچچە يېرى يىرتىلىپ كەتكەن ، مايكاممۇ تولا چاي دېغى تۆكۈش سەۋەبىدىن  داغلار خۇددى  مايكىنىڭ زىننىتىدەك جۇلالىنىپ تۇراتتى .توساتتىنلا ئۇ يەرگە بېرىشتىنمۇ يالتىيىپ قالدىم ،راست گەپنى قىلغاندا بۇ تۇرقۇم بىلەن كوچىغا چىقىشتىن سەل نۇمۇس قىلىپ قالغانىدىم.
ئۆزەمچە كۈلگۈم كەلدى ، مۇشۇ ئەپتىمدە تالاي قېتىم ئۆزەم كۆرمىگەن قىزدىن  سۆيگۈ تىلەپ ئۇنى ئىزدەپ بېرىپتىمەن ، كىشىلەر ياقىسىنى  تۇتۇپ قانچە كۈلگەندۇھە؟ ئەگەر ئۇ قىز راستىنلا پەيدا بولغان بولسا بۇ قىياپىتىمنى كۆرۈپ ئايلىنىپ قالار ئىدى بەلكىم .ئەپسۇز ئەمدى ئۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتتتى ، سەۋدايىبلارچە ئاشىق بولۇش مېنى راستىنلا غەلىتە بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى، ئەمدى ئەقلىمنى تاپتىم ، قۇرۇق يۇۇيش دۇكىنى ئەمدى مېنىڭ دېققىتىمنى تارتالمايدۇ؟
شۇلارنى ئويلاپ ساقىلىمنى ئۆزەم ئېلىپ سىرىتقا چىقتىم .
-نەگە ماڭدىڭ ئوغلۇم؟
ئانامنىڭ گېپى جاۋاپسىز قالدى، كوچىغا چىقىپ ئۆزەمنى  قۇيىۋەتتىم ، قەدەملىرىمنىڭ مېنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقىنىمۇ ئۇقمايتىم . ھەممە كىشى ماڭا ھەيرانىلىق نەزىرى بىلەن قارايتى، ئالۋەتتە شۇنداق بولىدۇ دە،چۈكى مەن ئۆزگەردىم ، ھەممىنىڭ ئاغزىغا چىقىدىغان ، قىزلار ھەۋەس بىلەن قارايدىغان شۇ يىگىت ئەمدى ئەسلىگە قايىتقانىدى .قەدەملىرىم تۇيۇقسىز توختاپ قالدى .
-قىزىق ئىش قۇرۇق يۇيۇش دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسى تاقىلىپ قاپتا؟
ئىنسان دېگەن راستىلا ھىسياتچان مەخلۇق، بۇ كونا جايغا كېلىپلا ،پەسلەپ قالغان سەۋدايىلىق يەنە كۈچىيىشكە باشلىدى ،ئۆزەمنى تىزگىلىيەلمەي بىر قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، بۇ دۇكان ئەمدى تاللا بازىرى بوپ كېتىپتۇ، ھەممە ئۆزگەرگەن پەقەت بۇ دۇكاننىڭ ئورنىلا شۇ پېتى، باشقا يەردىكى دۇكانلارغىمۇ بېرىپ باقتىم ھەمىسى تاقىلىپ ئورنىغا يېڭى دۇكان ئېچىپتۇ ،ئۆزەممۇ ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان شىرىن تۇيغۇلار ئىلكىدە ئۇ يەردىن ئايرىلدىم
-،توغرا يەنە بىر قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى بولىدىغان ، شۇ يەرگە بېرىپ باقمايمەنمۇ؟
غۇيت كىلىپ كەچكەن بۇ خىيالدىن خوش بۇلۇپ ئۇ يەرگە قاراپ ماڭدىم، كاللامنى ھەرخىل قىياسلار قاپلىۋالغانىدى ،.
-يېقىن ئەتراپتا بىرمۇ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى قالماپتۇ، ئەگەر ئۇ يەرنىمۇ تاقىۋەتسە .........
شۇخىياللار ئىچىدە بىردەمدىلا نىشانغىمۇ كېلىپ بولدۇم،ئەپسۇز بۇ دۇكانمۇ تاقالغان ،ئەمما بۇ يەر شۇنداق جىمجىت ،ئادەملەرمۇ شالاڭ ئىدى،دۇكان ئالدىغا يېقىن كېلىپ ئەينەكتىن ماراشقا باشلىدىم.
ھە، بۈگۈن ئارام ئالغان ئوخشايدۇ،ئەتە كېلەي.
قەدەملىرىم ئىختىيارسىز ئۇيەردىن ئايرىلىشقا باشلىدى، مېڭىۋىتىپ كۆزۈم تۇيۇقسىزلا تامدىكى چاپلاغلىق ئېلانغا چۈشتى.
- بۇ دۇكان سېتىلىدۇ
ئەسلىدە بۇ دۇكاننى ئالىدىغان ئادەم چىقماپتىدە؟ قىزىق ئىش بۇ دۇكاننىڭ ئورنى باشقا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قارىغاندا ئەۋزەل،سودىسىمۇ ئالامەت ياخشى ئىدى نىمىشقا تاقايدىغاندۇ؟ بەلكىم باھاسى قىممەت بولىشى مۇمكىن ،ئورنى ياخشى ئەمەسمۇ؟
ئۆزەمنىڭ قانداق ئۆيگە كېلىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن ،ئەس يادىم يەنىلا قۇرۇق يۇيۇش ئورنىدا ئىدى.توساتتىنلا شۇ دۇكاننى سېتىۋېلىش ئويىغان كەلدىم ،شۇنىڭ بىلەن كەچتە دادامغا بۇ توغىرلىق سۆز ئاچتىم ،ما ئېشنى كۆرۈڭ ،مەن تېخى دادامنىڭ تەرسا مىجەزى بۇ ئىشقا يول قويمايدۇ دەپ ئويلىسام ،ئۇنىڭ ئەۆسىچە دادام پىكىرىمنى ناھايىتى قۇۋەتلىدى،بەلكىم دادام مېنىڭ بىكار تۇرۇپ كەتكەنلىكىمگە قاراپ بۇ تەلىپىمگە قۇشۇلغان بۇلىشىمۇ مۇمكىن .بىزخېلى ئۇزاق پاراڭلاشتۇق ،مەسلىھەتلەشكىنىمىز بويىچە ئەتىسى  بىللە بېرىپ دۇكاننى كۆرۈپكېلىدىغان بولدۇق .............
-بۇ قانداق گەپ ئەمدى بىزنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز بولمىسا ، دۇكاننى ئايرىم ئالساق نىمىشقا بولمايدۇ؟ قانچە پۇلدېسە مەيلى ئەمەسمۇ، ئادەمگە زولاپ بۇ تۆمۈز تەسەكلەرنى تاڭساڭلا ئەقىلگە سىڭمەس ، بۇ بالىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرى سىلەرگە مەندىنمۇ بەك ئايان ،ئاران بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتاي دېگەندە...
دادام سەل چېچىلىپ قالغانىدى ،دۇكان ئىگىسى دۇكاننى ،قۇرۇق يۇيۇش ئۈسكىنىلىرى بىلەن تەڭ ساتىمەن دەپلا تۇرىۋالغانىدى ،شۇنچە ئۇزاق زاكۈنلاشقان بولساقمۇ ئۇ ئادەم پەقەتلا ئۇنىمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز دۇكاننى شۇ پېتىلا ئېلىشنى قارار تاپتۇق ،شۇنچىلىك خوشال بولغانىدىم ،بۇ دۇكاننى سېتىۋالغانغا ئەمەس بەلكى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى ئاچقانغا ئىشەنگىم كەلمەيتى ،بۇ مەن چۈۈشۈمدىمۇ تەسەۋۇر قىلىپ باقمىغان خىيال ئىدى ،دەل مۇشۇ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى، مېنى يېڭى ئەسىردىكى يېڭىچە بىر سەۋدايى قىلىپ قويغانىدى،مۇشۇ يەنىڭ باھانىسىدە قانداق ئىشلارنى كۆرمىدىم دەيسىز ، كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدىم ، ئاتا-ئاناممۇ قۇلۇم قوشنىلارنىڭ ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى،ھەي!!!
دادام ئىشنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ،مەندىن سوراپقالدى .
-ئوغلۇم، ئەمدى سەنمۇ خوجايىن بولدۇڭ،ئېيتە دۇكانغا قانداق نام بېرىشن ئويلىدىڭ ؟
دادامنىڭ بۇ گېپىدىن سەل تەئەجقۈپلىنىپ دادامغا قارىدىم.
-دەۋە، بۇ دۇكان ئەتىدىن باشلاپ سېنىڭ بولىدۇ، كۆڭلۈڭگە ياققاننى تاللا،ھازىرلا بېرىپ ۋىۋىسكا ياسىتىپ كېلەيلى.
خوشاللىقىم ئىچىمگە پاتمايۋاتاتتى، توساتتىن ئۆتكەن كەچمىشلەر ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
-دادا، مېنىڭچە بولسا <<قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھاببەت >> دەپ ئاتايلى .
-قانداق ئىسىم بۇ ئەمدى، بولدىلا ،سىلە ياشلارنىڭ ئويلىمايدىغىنى يوق، مۇشۇنى قىلساڭمۇ قىل .
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى ، مەنمۇ دۇكاننىڭ ئىشلىرىغا خېلى كۆنۈپ قالدىم ، ئەس-يادىم ياخشى بىر قۇرۇق  يۇيۇش دۇكىنى خوجايىنى بولۇش ئىدى، قىزىق ئىش بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزەممۇ ئۇقماي خېرىدارلارنىڭ ئىشتانلىرىنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ قالاتتىم .سودام بارا-بارا يۈرۈشۈشكە باشلىدى، يېقىن ئەتراپتا بۇنىڭدىن باشقا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى بولمىغانلىقتىن  كىشىلەر ئاساسەن دېگۈدەك مېنى ئىزدەپ كېلەتتى، مەنمۇ بۇنىڭدىن كۆرەڭلەپ كەتمەي بار كۈچۈم بىلەن خېرىدارلىرىمنى رازى قىلىشقا تىرىشاتتىم ، كىيىنچە دۇكاننىڭ سودىسى بەك يۈرۈشۇپ كەتكەنلىكىدىن قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتتىم ، بىر نەچچە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتىم .
مانا ھازىر خەقىنڭ ئاغزىدا پەزىلەتلىرىم ئۈزۈلمەيتى، ئىلگىرى مېنى سەۋدايى دەپ مەندىن قاچقان قىزلار ئەمدى مېنىڭ ئەتراپىمدا پەرۋانە ئىدى، ئەمما پۈتكۈل ئەس يادىم مۇشۇ دۇكاندىلا بولغاچقا ئۇلارغا ئانچە قىزىقماس بوپ كەتكەنىدىم .
لىكىن نىمىشقىكىن مۇشۇ ئىشتان ئاختۇرىدىغان  ئىشلىرىم بارغانچە كۆپىيىپ قالغانىدى، نەچچە قېتىم خەتلەرمۇ چىقىپ قالدى، ئەمما ئاساسەن دېگۈدەك تالۇن ، قۇرۇق قەغە بولۇپ چىقاتتى،شۇچاغلاردا خەت باركەن دەپ شۇنچە خوشال بولغان بولساممۇ ئەمما ئىچىدىن چىققان نەرسىلەرنى كۆرۈپ يەنە غەش بوپ قالاتتىم، بۇ ئىشىمغا دۇكاندىكى خىزمەتچىلەرمۇ سەپ سالغان چېغى ، نەچچە قېتىم مەندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىدى ،بىراق مەن ئۇلارغا بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈشنى خالىمايتىم.شۇئىشتىن كېيىن يانچۇق ئاختۇرىدىغان ئىشنى  ئادەمگە كۆرسەتمەي قىلىشنى قارار تاپتىم ، كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى، بارا-بارا داڭقىم تارقىلىشقا باشلىدى، ھازىر مەن ئۆز جايىمدىكى خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن ئادەم بوپ قالغاچقا، قىلغان ئىشلىرىم بىردەمدىلا خەقنڭ ئېغىزىغا چىقىپ بولاتتى ، ئەلۋەتتە ھەممىسى دېگۈدەك مېنى ماختايدىغان بولۇپ بۇرۇنقى سەۋدايىلارچە كۈندە ئىشتىنىمنى داغ قىلىپ قۇرۇق  يۇيۇش دۇكىنىغا قاترايدىغان ئىشلىرىم ئۇلارنىڭ  ئېسىدىن چىكەتكەندەك قىلاتتى.
مۇشۇ نەچچە كۈندىن بۇيان تۇيۇقسىز دۇكاننىڭ ئىشىكىگە تولا يۈرەكنىڭ رەسىمى سىزىلىپ قالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ قالدى،قارىسا شۇنداق چىرايلىق ئادەمنىڭ ئۆچۈرۋەتكىسى كەلمەيتى، شەكىل چىقىرىپ يېزىلغان خەتلەر ئادەمنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايتى،كۈندە ئۆچۈرۈپ تۇرساممۇ  يەنە يېزىلىپ قالاتتى، تۇيۇقسىز بۇنىڭ بىر ئادەم يازمىغان خەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدىم ، باشتا يۈرەكنى سىزىپ قۇيىدىغان كىشىلەر ئەمدى مۇھاببەت شېئىرلىرىنى ، ھەتتا مەن سىزنى سۆيىمەن دەپ خەت قالدۇرۇپ قۇياتتى، ئەمدى ھەقىقى ئەھۋالنى سەزگەندەك بولدۇم ، بۇئىشلارنىڭ ھەمىسى ماڭا ئاشىق بولغان قىزلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئۆزەمچە كۈلگۈم كەلدى .
-توۋا!ئىلگىرى مەنمۇ مۇشۇنداق ئۆزەم كۆرۈپمۇ باقمىغان قىزغا غايىبانە ئاشىق بولغان ھە، بۇلارغۇ خېلى تەلەيلىككەن ، مېنىڭ چىرايىمنى ، ئەھۋالىمنى كۆرۈپ ماڭا ئاشىق بولغان.
كىيىنچە بۇ رەسىملەربىلەن كارىم بولمىدى، ئىشىك پۈتۈنلەي رەسىم، مۇھاببەت شېئىرلىرى بىلەن توشۇپ ئەمدى دۇكاننىڭ ئالدىغىمۇ سىزىلىشقا باشلىغاندى،ئەمما بۇنىڭ سودامغا راستلا پايدىسى بولدى، كىشىلەر ھەيرانلىقتا رەسىمگە قارايتى، بەزى يىگىتلەر نەچچە قېتىم ئىچى تارلىق قىلىپ رەسىملەرنى ئۆچۈرىۋەتكەن بولسىمۇ بىراق ئەتىلا ئۆچۈرۈلگەن جايغا رەسىملەر تۇلۇقلىنىپ قالاتتى...
كېسەل يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە دېگەندەك مېنىڭ ئىشتان ئاختۇرىدىغان ئىشىم بارغانچە كۆپىيىپ قالغانىدى، بۇ ئىشىم ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كىشىلەر ئارىسىدا گەپ-سۆز تارقىلىشقا باشلىدى،ھەممە ئادەم يەنە جىن چاپلاشتىمىكى دەپ مەندىن يىتىرقايدىغان بوپ قالدى، ئىشىك ئالدىدىكى رەسىملەرمۇ يوقىلىپ ، دۇكاننىڭ سودىسىمۇ كاساتلاشتى، ئەڭ يامان بولغىنى ئىشلەيدىغان خىزمەتكارلارمۇ دۇكاندىن كېتىپ قالدى ، يەنە شۇ سەۋدالىق مېنى بىر قېتىم كىشىلەر ئارىسىدا يۈزۈمنى چۈشۈردى، نىمىشقىكىن كۈندىن-كۈنگە غەمكىنلىشىپ كېتىۋاتاتتىم، دۇكاندا چىۋىن قورۇپ ئولتۇراتتىم ،تۇيۇقسىز تېلفۇن كەلدى ،ئالسام دادام ئىكەن ،ئۆيگە تېز كەل ئازراق ئىز چىقىپ قالدى دەپ تېلفۇن قىپتۇ ، بەرىبىر دۇكاندا ئادەم بولمىغاندىن كېيىن بېرىپ كەلمەيمەنمۇ دەپ ئويلاپ دۇكاننى پېپىپ قۇيۇپلا ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم ، ئۆيگە كەلسەم باشقىمۇ گەپ يوقكەن دادامنىڭ تاپىلىغان ئىشنى پۈتتۈرۋېتىپ دۇكانغا قايتىپ كەلدىم .
كۆڭلۈم پەرىشان ھالدا كېلىپلا ئىشتان ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ، چۈنكى مۇشۇ ئامال ماڭا ئەڭ ياخشى تەسەللىي ئىدى.
توساتتىن بىر ئىشتانغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ،بۇ ئىشتان بەك تۇنۇش ئىدى .
-ئەجەپ ئوخشايدىكىنا ؟
بۇ مەن ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ ياقتۇرۇپ كىيىدىغان ئىشتان ئىدى، كىيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ئىشتاننىڭ كەيگۈچىلىكى قالمىغاچقا تاشلاپ قويغانتىم ، بۇ ئىشتانمۇ شۇنىڭغا ئۆز ئەينى ئوخشايتى ، ئەمما بۇ ئىشتان تېخى پېتىدىن چۈشمىگەن ئىدى، ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،بۇ ئىشتاندا خەت  بولىشىنى تولىمۇ ئۈمۈت قىلاتتىم ،دېگەندەك بىر نەرسە قولۇمغا ئۇرۇلدى ،ئېچىپ قارىۋىدىم ،تۇمارچە قاتلانغان بىر قەغەزكەن ، ھاياجاندا ئېچىپ ئۇقۇشقا باشلىدىم .
-ياخشىمۇسىز ئاشىق يىگىت.بەلكىم بۇ خەتنى كۆرگەن چېغىڭىزدا خوشاللىقىڭىزدىن بېشىڭىز كۆككە يەتكەن بولىشى مۇمكىن ، توغرا مەن سىزگە تۇنجى قېتىم ئېغىز ئاچقان قىز شۇ ، مەن پەقەت چىن مۇھاببەتنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدىلا سىزگە ئاشۇنداق ئۇسۇلنى قولانغان، لېكىن سىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭىز مېنى راستىنلا تەسىرلەندۇرۇپ قويدى ، سىز قانچە ئازاپلانسىڭىز مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئازاپلاندىم ، مەن سىزئارقىلىق ھەقىقى پاك مۇھاببەتنىڭ ئۇنداق ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدىم ، مەن ئاشۇ بىر پارچە خەتنىڭ سىزنى ئاشۇنداق ئىشلارغا دۇچار قىلىشىنى پەقەتلا ئويلىمىغانىدىم ،لېكىن سىز نىمىشقىكىن مېنى غايىبانە ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز، باشتا سىزنى نېرۋىسىدا چاتاق بار ئوخشايدۇ دەپ قالغانىدىم،ئەمما قىلغان ئىشىڭىز مېنى راسلا ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى ، كىيىنچە ئۆزەممۇ بىمەي مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، تەسىرلەندىم ، چۈنكى مەن سىز ماڭا  ھەقىقى مۇھاببەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردىڭىز ، داستانلاردىكى پەرھات-شىرىن ،لەيلى-مەجنۇن ئوبرازىنى كۆرگەندەك بولدۇم ، بەزى چاغلاردا ئويلاپمۇ قالدىم ، بىر پارچە خەتكىمۇ ئاشۇنداق قىلىپ كەتكەن يەردە ،ئەگەر مېنى كۆرۇپ قالسا قانداق بولۇپ كېتەرسىز ھە ، ئەمما مەن تەن بەردىم سىزنى بۇنداق ئازاپلاشنى خالىمىدىم شۇڭا يەنە بىر قېتىم ئىشتانغا خەت سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سىزگە بولغان ھىسياتىمنى ئىپادىلەشنى قارار تاپتىم .بولدىلا ، ئەمدى گېپىمنى مۇشۇ يەدە ئاخىرلاشتۇراي،رەخمەت سىزگە ، ماڭا ھەقىقى مۇھاببەتنى بىلدۈرۈپ قويغىنىڭىزغا ، رەخمەت مااڭ چىن سۆيگۈ ئاتا قىلغىنىڭىزغا.
سىنى سۆيۈپ غايىبانە مەشۇقىڭىز....

1-قىسىمى

توۋا دەيمەن، مۇشۇ چەتئەللىك دېگەن ئاجايىپ خەقكەن.بالىسىنى خەقنىڭ يۇرتىدا تېپىپ قۇيۇپ ئۆز يۇرتىغا بېرىپ تۇغىدىكەن، شېرىن ئاي ئۆتكۈزدۇق دېگىنى مۇشۇمىكىنە؟
ئۆزەمچە قىلغان بۇ بەڭۋاش خىيالىمدىن كۈلگۈم كېلىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن قۇلۇمدىكى ئىچىملىكنى ئىشتىنىمغا تۆكۈۋەتتىم ، تىرىكىپ ھۇجىرامغا كىرىپ كىيىم ئالماشتۇرۇپ چىقىپ بۇ داغ بولغان كىيىمىمنى يۇغۇزۇش ئۈچۈن قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قاراپ ماڭدىم .
ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دۇكانغا بېرىپ ئىشتىنىمنى ئەكەلدىم ،شۇ كۈندىن باشلاپ قىزىقارلىق ئىشلار توختىماي يۈز بەردى .ئۆيگە كېلىپ ئىشتاننى كۆرۇپ باقماقچى بولۇپ قۇلۇمغا ئېلىشىمغا ئىشتاننىڭ يانچۇقىدا بىر نەرسە شاراقلىغاندەك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ نېمىدۇ دەپ ئويلاپ يانچۇقنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،يانچۇقتا تۇمارچە قاتلانغان بىر ۋاراق تۇراتتى ،قىزىقىش ئىچىدە ۋاراقنى ئاچتىميۇ يېزىلغان خەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم .
-مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
تېڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدىم ، كىمنىڭ سۆيگۈ پەكتۇپىدۇ بۇ؟ كاللامدا غەلىتە سۇئاللار ئەكىس ئېتەتتى.بىراق بۇ ماڭا يازغان خەت ئىدى،ئەلۋەتتە مېنىڭ ئىشتىنىمنىڭ يانچۇقىدىن چىققان تۇرسا؟
بۇ خەتنى ئاشۇ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى بىرسىنىڭ يازغانلىقى ئېنىق ئىدى،ئۆتكەندە كىيىمنى يۇغۇزغىلى بەرگەندە كىم بار بولغىيتى ئەجەپ سەپ سالماپتىمىنا؟
مۇشۇنداق چىگىش خىياللار ئىچىدە ئۆزەم بېرىپ قاراپ باقماقچى بولۇپ يۇغۇزىدىغان كىيىم بارمۇ يوق دەپ ئۆينى مالىماتتاڭ قىلىۋەتتىم .چۈنكى ئۇ يەرگە كىرىشكىمۇ بانا-سەۋەپ كېرەكتە؟ئەپسۇز يۇغۇزغىلى بېرىدىغان كىيىم يوق،شۇڭا ئامالسىزلىقتىن ئۇچامدىكى كۆينەككە چاي تۆكۈپ ئۇنى داغ قىلدىم ھەمدە ،
-بۇ قانداق گەپ ئەمدى،يېڭى تۇنۇشتۇققۇ؟
دەپ يېزىپ كۆينەكنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قاراپ ماڭدىم .دۇكاندا شۇنچە ئۇماق بىر قىزچاق تۇراتتى.
كىيىمنى بېرىپ گەپمۇ قىلماي يېنىپ چىقتىم.ئۇقىزنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ،ئاغزىدىن سۇت پۇراپ تۇرىدىغان قىزكەنغۇ ئۇ دەپ ئويلاپ، ئۇقىزنىڭ قانداقلىقىنى تەسەۋۇر قىلدىم .ئارىدىن بىر كۈن ئۆتتى، تەقەزالىق ئىچىدە دۇكانغا بېرىپ كىيىمىمنى ئەكەلدىم ۋە ھاپىلا-شاپىلا يانچۇقىغا قارىدىم،دېگەندەكلا بىر پارچە خەت تۇراتتى ،ئەمدى بۇقىزغا بولغان ھىسياتىمدا سەل ئۆزگىرىش بولغاندەك قىلاتتى ،ھاياجانلىق ئىلىكىدە خەتنى ئوقۇدۇم .
-بۇ يەرگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئەزىز مېھمىنىمىز.
ئۆزەمچە بۇ قىزنىڭ ئۇچۇق يۇرۇقلۇقىدىن كۈلگۈم كەلدى،بۇ گېپى مېنى راستىنلا تەمتىرىتىپ قويدى،نمە دەپ خەت يېزىش كېرەك؟يەنە بىر قېتىم كىيىمىمنى داغ قىلىشىم زۆرۈر ئىدى، مانا يەنە شۇ چاي دېغى ،قولۇمغا قەلەم ئالدىم، ئاخىرى بولماي بىر جۈملىلا خەت يازدىم.
-مۇھاببەت دېگەن نېمە؟
دەپ خەت يېزىپ ئىشتانغا قاتلاپ سېلىپ دۇكانغا باردىم . دۇكاندا ئوتتۇرا ياشلىق بىرئەر كىشى تۇراتتى،گەپمۇ قىلماي چىكەتتىم،كۈتكەن كۈنۈممۇ يېتىپ كەلدى،ئىشتىنىمنى ئالغىلى باردىم،قاتتىق ھاياجانلانغان بولسام كېرەك دۇكاندىلا ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇردۇم.
-بىز ئالغاندا ئىشتاننىڭ ئىچىدە ھىچ نېمە يوق ئىكەن.
تۇيۇقسىز دېيىلگەن بۇ گەپتىن ئۆزەمچە خىجىل بولۇپ ،گەپمۇ قىلماي دۇكاندىن چىقىپ كەتتىم، لېكىن خەتنىڭ بارلىقىغا چۇقۇم ئىشىنەتتتىم،شۇڭا ئۆيگە كېلىپ قايتىدىن ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،دېگىنىمدەك ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىغا بىر خەت سېلىنغان ئىدى ،
-سىلەدەك ياش بالىلار ئۇستىغۇ مۇھاببەت دېگەنگە؟
ئەجەپ مېنى چۈشىنىدىغاندەكلا گەپ قىلدىيا؟ ئۆزەمچە بۇ قىزنىڭ خارەكتىرىگە ھەيران بولۇپ قالدىم ،يامان قىزبالىكەن جۇمۇ،نىمىشقىكىن ئۇچۇق يۇرۇق قىزلار مېنى ئاسانلا مايىل قىلىۋالاتتى شۇڭا بۇقىزنىڭ گېپىدىن يۈرىكىم بىر قىسىملا بولۇپ قالدى،بۇنىڭغا جاۋابەن قانداق خەت يېزىشىم كېرەك ئەمدى؟ ئويلىنىپ تۇرۇپلا قالدىم بىرخىل كۈچ بىلەن تۆۋەندىكى خەتنى يازدىم ،
-مېنى قانداقسىگە ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز ؟
يەنە كونا ئۇسۇل بويىچە چاي تۆكۈلگەن ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا خەتنى سېلىپ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا باردىم.بۇ قېتىم دۇكاندا بىر ئايال تۇراتتى، بەلكىم ئۆتكەنكى ئەرنىڭ ئايالى بولسا كېرەك،قولۇمدىكى قىيىمنى ئۇ ھەدەشكە بېرىپ ئۈن-تىنسىزلا دۇكاندىن ئايرىلدىم.
قانداق جاۋاپ يازا؟دېگەن خىياللار بىلەن ئەتىمۇ بولدى،دۇكانغا بېرىپ كىيىمىمنى ئەكەلمەكچى بولدۇم. ئەپسۇز ،دۇكان تاقاق ئىدى،شۇ چاغدىكى ھالىتىمنى ھەقىقەتەنمۇ تەسەۋۇرقىلالمايتىم،تەلۋىلەرچە،دۇكاننى تىپىپ،شۇنچە ۋاقىراپ سادا چىقمىغاندىن كېيىنلا ئۇيەردىن كەتتىم ،تەققەزالىق ئىچىدە ساقلاپ مانا يەنە بىر كۈن ئۆتتى،دۇكانغا باردىم ،خۇداغا شۇكىرى دۇكان ئۇچۇقكەن ،كىيىمىمنى ئېلىپلا دۇكاندىن چىكەتتىم ،يولدا ماڭغاچ ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇردۇم، يەنە خەت بار ئىدى ،يولدىلا خەتنى ئۇقۇشقا باشلىدىم  
-كىم سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ؟ 
بۇ خەتتىن ھۇدۇقۇپ تۇرۇپلا قالدىم ،ئادەمنى ئەخمەق قىلىۋاتامدۇ نېمە؟ياق،ئۇنداق بولىشى مۇمكىنمۇ ،بولمىسا باشتىلا خەت يازمايتى،بەلكىم مەن بىلەن چىقىشىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ تۆۋەنكىدەك خەتنى يازدىم ،
-ئەجىبا سىز؟
بۇقېتىمقى يۇيۇشقا تەييارلاپ قويغان ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا سېلىپ يەنە دۇكانغا باردىم ،بۇ قېتىم مەندىن سەللا چوڭ بىر يىگىت تۇراتتى،ئىشتاننى بەردىميۇ ئۇيەردىن چىكەتتىم.
توۋا،نېمە بولغاندىمەن،ئەجەپ بىر قىلىپ كەتتىميا ئۆزۈم كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر قىزغا،كۈتكىنىمدەك چىرايلىق قىز بولغىيتى.....
شۇ خىياللارغا چۆمۈپ ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا قاراشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،ئۆيگە كېلىپ ھاپىلا-شاپىلا ئىشتاننى ماتلاشقا باشلىدىم ،
-مەن نېمە بوپتىمەن ئۇكا؟
خەتنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتىم،ئوغۇللارغا ئوخشاش ئاخسالىق قىلىپ كېتىشىدىن ئۆرگىلەي ، كۈلگۈنۈمچە ئۇ قىزنىڭ چىرايىنى تەسەۋۇر قىلدىم ، ئەڭ گۈزەل بىر سىما قەلىپ ئېكرانىمدا ئەكىس ئېتىشكە باشلىدى ،شۇلارنى ئويلاپ ئۇيقۇغا چۆمۇپ كېتىپتىمەن ،ئۇ قىز يۈزىنى ئېتىۋالغان قىياپەتتە يېنىمدا پەيدا بوپتۇ،دېمەك مەن چۈش قوينىغا غەرىق بولغانىدىم.
ماڭا قاراپ قولىنى پۇلاڭلاتقىدەك ،قولۇمنى قىزنىڭ يۈزىگە ئاپىرىشىمغىلا قىز مەندىن ئۆزىنى قاچۇرغۇدەك شۇنچە شوخ قىلىكلىرى،ياڭراق كۈلكىلىرى،قەلبىم تارىنى چېكىپ ئۇقىزغا بولغان تەشنالىقىمنى چېكىگە يەتكۈزگەنىدى.
تۇيۇقسىز مۇرەمگە تەگكەن شاپىلاقتىن چۆچۈپ ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۈستەلگە قۇيۇلغان چاينى ئىشتىنىمغا تۆكۈۋالدىم،ما كاساپەتنى ،تېخى بايا كەيگەن ئىشتانتى ماۋۇ،دوستۇمغا ئاچچىقلىغىنىمچە ھۇجۇرامغا كىرىپ ئىشتىنىمنى ئالماشتۇرغىلى ماڭدىم ،تۇيۇقسىزلا يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇپ قالدىم بايا خەت مۇشۇ ئىشتان يانچۇقىدا بار ئىدىغۇ؟
خىياللار بىلەن بولغان ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدىم،تۇنجى كەلگەن خەتتىن باشلاپ دوستۇمنىڭ مېنى قورقىتىشىغىچە بولغان بارلىق جەرياننى ئەسلەپ چىقتىم ،بۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشتەكلا قىلاتتى.
-ئەجىبا،ئەجىبا مەن چۈش كۆرگەندىمەنمۇ؟
لېكىن چۈش كۆرگەنلىكىمگە قەتئىي چىن پۈتمەيتىم ،مۇمكىن ئەمەس چۈش بولىشى مۇمكىن ئەمەس؟ئەسەبىيلەرچە ۋاقىراپ كەتتىم،لېكىن نىمە ئامال،بۇ بىر رىئاللىق ئىدى، ئىشتىنىمنى ئالماشتۇرۇپ بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويدۇم ،كۆزۈم تۇيۇقسىز ئىشتاندىكى داغقا چۈشۈپ قالدى،نەق شۇداغ،دەسلەپتە ئىشتىنىمنىڭمۇ شۇ يېتى داغ بولغان ئىدى،توۋا
ما توغرا كېلىپ قېلىشىنى ،توساتتىنلا مەندە بۇ ئىشنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىدەك ئاڭ شەكىللىنىپ قالدى،3%لىك ئۈمۈت بىلەن ئىشتىنىمنى قۇرۇق يۇيۇش دۇقىنىغا ئاپاردىم ،نېمىشقىكىن ،چۇقۇم بىرسىنىڭ ئىشتىنىمغا خەت سېلىپ قويىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم،بازارغا چىقتىم ،ما كىلىشمەسلىكنى كۆرۈڭ ،ئەتراپتا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىن تۆتى تۇراتتى،ئىشتاننى قايسىغا بېرىشنى ئۇقالماي قالدىم،ئامالسز ئۆيگە بېرىپ يەنە ئۈچ ئىشتاننى داغ قىلىپ ھەر بىر دۇكانغا بىردىن يۇغۇزۇشقا بەردىم.
ئۆزەممۇ بىلمەيمەن ،نېمە بولدۇمكىن،بەلكىم ئۇ قىزبالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن،ياق!مۇقەرەر ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم،بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان قىزغا غايىبانە ئاشىق بولغان ئىدىم ،مانا چەلەڭگۈچ خىياللار ئىچىدە تاڭ ئاتتى،روھىم شۇنچە كۆتۇرەڭگۈ،بىرىنچى قاتاردىكى دۇكانغا كىردىم، مەندىن سەللا چوڭ بىر يىگىت كىيىم ئىسىپ تۇراتتى.
-ئەجەپ ئوخشايدىكىنا؟ *
بۇ يىگىت چۈشۈمدىكى يىگىتكە بەكلا ئوخشايتى، بىراق بۇنى ئويلاشقا ۋاقىت يوق،كىيىمنى ئېلىپلا دۇكاندىن چىكەتتىم ،ئۆيگە كېلىپ بىرە سائەتچە ئاختۇرۇپمۇ خەتنى تاپالمىدىم، 
-بۇ ئەمەس ئوخشايدۇ،يەنە ئۈچ دۇكان باغۇ تېخى.
ئۆزەمگە تەسەللىي بېرىپ ئىككىنچى دۇكانغا كىردىم ،بىر ئايال تۇراتتى ،كىيىمنى ئېلىپلا قايتتىم ،شۇنچە ئاختۇرساممۇ خەت يوق سەل ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ،ئۈچىنچى دۇكانغا بېرىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم...  
دۇكاندا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر ئولتۇراتتى ،كەيپىياتىم سۇلغۇن ھالدا ئىشتاننى ئېلىپ ئۆيگە قايىتتىم.مانا يەنە بىر قېتىم زور ئۈمۈت بىلەن ئىشتاننىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم،خەتمۇ يوق.
-ئاھ خۇدا! ئەجەپ قىلدىڭغۇ ماڭا !
ئەمدى زارلىنىش كەيپىياتى جىسمىمنى كونتىرول قىلىۋالغانىدى،ئۈمۈت شاملىرىم ئۆچەي دەپ قالغانىدى ،ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدۈم شۇ تۆتىنچى دۇكاندا قالغان ئىدى. دۇكانغىمۇ كىردىم ،شۇنچە ئۇماق بىر قىز ئىشتاننى ئېلىپ باردى،زور ئۈمۈتتە شۇ يەردىلا ئىشتاننى ماتلاشقا باشلىدىم،ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىدا راستىنلا بىر نەرسە بار ئىدى،خوشاللىقتىن قىلىدىغان قىلىق تاپالماي كەتتىم...
-ئىشتىنىڭىزدا 40يۇئەننى ئۇنتۇپ قاپتىكەنسىز ئۇنى ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىغا سېلىپ قويدۇم.
-ھە!
كاللامغا پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ يانچۇققا قارىدىم ،دېگەندەكلا پۇلدىن باشقا بەرسە يوق،روھى جىسمىدىن چىكەتكەن ئادەمدەك ئۇيەردىن ئايرىلدىم .ئۆيگە كېلىپ بىر قولۇمدا ئىشتاننى بىر قولۇمدا پۇلنى تۇتقىنىمچە قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم .   
-قىزىق ئىش مەن ئەزەلدىن پۇلنى پورتىمالغا سالاتتىم ،بۇ پۇلنىڭ يانچۇقۇمدا ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىنمۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا چىڭ قاراپ بەرگەن تۇرسام يۇغۇزغىلى،تۆت ئىشتانغا دەل قىرىق كوي كېتىپتۇ،يۈرىكىم قاتتىدە قىلىپ قالدى،دېمەك....
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم ،ئەمما شۇ ئىشتىن باشلاپ ئۆزەمگە بىر ئىشنى ئادەت قىلىۋالدىم ،ئۇ بولسىمۇ ھەر قېتىم قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىن ئىشتىنىمنى ئەكەلگەندە ئاۋال ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا قارايدىغان بولۇپ قالدىم .

2-قىسىمى
                                                                        
شۇ كۈنلەدىن باشلاپ ، قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى مېنىڭ دائىملىق بارىدىغان مەنزىلىم بولۇپ قالدى،مەھەللىمىزدىكى تۆت قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىمۇ مېنى ناھايىتى ئوبدانلا تۇنۇپ كەتكەنىدى، مەن ھەر قېتىم دۇكانغا پەقەت چاي دېغى تۆكۈلگەن كىيىملىرىمنى ئەكىرگىنىمدە ئۇلار ماڭا تەئەججۈپ ئىلكىدە قارايتى، مەندىن بىرەر نەرسە سوراي دەپ ئاغزىنى ئۈمەللىتەتتى يۇ ئەمما مېنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ ئۆزىچە ئەيمىنىپ قالاتتى.
مۇشۇ كۈنلەردە مەن ئۆزەم كۆرمىگەن قىزبالىنىڭ ئىشقىدا كۈيۈپ مۇھاببەت ئازابىنى يەتكۈچە تارتىۋاتاتتىم ،تۇرغان تۇرقۇمنىڭ غەلىتىلىكىچۇ تېخى كىيىملىرىمنى تولا يۇغۇزىۋەرگەچكىمىكىن ئەسلى رەڭگى ئۆڭۈپ ئىشقىلىپ ئۆزەممۇ ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان رەڭگە كىرىپ قالغانىدى،ئەلۋەتتە كىشىلەرنىڭ ماڭا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۈشلىرى مەن ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىشلاردەك خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمايتى.بارا -بارا كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا مەن بىر ساراڭ ئاتالدىم ،توردىن ئەسەرلىرىمنى كۆرگەن كىشىلەر بولسا مېنى بىر مەجنۇن دەپ ئۆزىنى مەندىن تارتاتتى،مانا ساراڭلارچە بىراۋنى ياخشى كۆرۈش مېنى دوستلىرىمدىن يېنىمدىكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمدىن ئايرىدى .كۈنلىرىم تەشنالىق ئىچىدە ئۆتمەكتە،نۇرغۇنلىغان قىزلار مېنى قوغلاشقان بولسىمۇ لېكىن ھىچكىم مەن كۆرۈپمۇ باقمىغان ئاشۇ مەۋھۇم پەرىشتىنىڭ ئورنىنى باسالمىدى،كۈندە ئۆڭۇپ كەتكەن كىيىملىرىمنى كىيىپ نەچچە رەت قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنى ئايلىنىمەن ،بىر كۈنى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىن قايتىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ،ئۆي ئالدىغا كېلىشىمگە تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىدا قىرلىق ئىستاكان فىلىمىدىكى باخشى-داخانلار غا ئوخشايدىغان تولىمۇ كۆرۈمسىز بىر نەچچەيلەننىڭ ئاتا-ئانام بىلەن  پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ،ئۇلارغا سەپ سالمايلا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئادىتىم بويىچە زور ئۈمۈت ئىچىدە ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى ئوخشاش بولغان نەتىجە،يەنى ئىشتاندا خەتنىڭ بۈرجىكىمۇ كۆرۈنمەيتى،كاللامنى چاڭگاللىغىنىمچە جايىمدا گومۇشلارچە ئولتۇرۇپ قالدىم.
-ئوغلۇم!ئوغلۇم !بۇياققا چىقە. !.
ئاپامنىڭ تۇيۇقسىز چاقىرىشىدىن چۆچىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىقتىم .
-مۇشۇ بالا شۇ موللام،يېرىم يىلدەك بولۇپ قالدى ،كۈندە كىيىملىرىنى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا ئاپىرىدۇ،نىمە سەۋەپتىن بۇنداق قىلىۋالىدىغانلىقىنى سورىسام گەپمۇ قىلماي ......
ئانام گپنىڭ ئاخىرنى دەپ بولالماي ماڭا ئېسىلىپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى.ئەمدى بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغانىدىم،ئەمدى ئۆز ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدىمۇ ساراڭ بولغانىدىم.ئۇلار ھەدەپ مەن توغرىلىق سۆزلىشىۋاتاتتى،تۇيۇقسىزلا تەلۋىلىكىم تۇتتى،ئۇلارنىڭ پاك سۆيگۈمنى دەپسەندە قىلىشىغا قاراپ تۇرالمىدىم.
-بولدى قىلىڭلار!كىم مېنى ساراڭ دەيدۇ؟سەنمۇ قىزىقكەنسەن ئانا ،مانا ئوغلۇڭ ساپساق تۇرمامدۇ،نەدىكى بىر نېمىلەرگە ئىشىنىپ ،سېنىزە.
ئاپامغا باتنىغاندەك قىلىپ ئويدىن چىكەتتىم،كاللامدا يەنە شۇ خەتنىڭ ئېگىسى،ئاشۇ جانانىمنىڭ مېھرى ئاتەش ئەمما ئۆزى كۆرۈنمەس چىرايى .دۇنيا ماڭا يەنە بىر قېتىم قاراڭغۇ بىلىنىشكە باشلىدى،راست گەپنى قىلغاندا مېنىڭ تاغدەك ئىشەنچىم بارغانچە سۇسلىشىپ قالغاندەك قىلاتتى،مۇشۇنداق ئازاپلىق كۈنلەردە ئەڭ ياخشى ئۈلپىتىم  يەنىلا ھاراق،ئەمما مەن بىلەن بىرگە ئۈلپەت بولۇپ ئىچىشىدىغان دوست-يارەنلەرنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن ياتلاشقان، يالغۇز تازا ئىچتىم ،ئەتىسى قوپسام ئۆيدە يېتىپتىمەن ،كاللام تولىمۇ ئاغرىۋاتاتتى،ئاخشام مېنى بىرە تۇنۇشلار ئەكىرىپلا ياتقۇزۇپ قويغان چېغى كىيىملىرىمنىمۇ سالماي ئۇخلاپ قاپتىمەن ،قارىسام ئۇچامدىكى كىيىم توپا بىلەن مىلىنىپ تولىمۇ مەينەت بولۇپ كەتكەنىدى،ئۇمۇ ياخشى بولدى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ،بۈگۈن قايسى كىيىمگە چاي تۆكەمەن دەپ ئارتۇق غەم  يېمەيدىغان بولدۇم.
يۈزۈمنى ھاپىلا-شاپىلا يۇيۇپ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قاراپ ماڭدىم ،دۇكاندارلارنىڭ ھەممىسى مېنى تۇنۇپ كەتكەنىدى،گەپمۇ قىلماي ئىشتاننى تاشلاپلا دۇكاندىن چىكەتتىم .ئەمدى يەنە بىر دۇكانغا بېرىپ تۈنۈگۈن بەرگەن ئىشتاننى ئېلىپ كېلىشىم كېرەك ئىدى،مانا بۇ دۇكانغىمۇ كەلدىم ،تالوننى بېرىپ ئىشتاننى ئېلىۋالاي دەپ يانچۇقنى ئاختۇرسام يانچۇقۇم قۇپقۇرۇق ،قاتتىق جىددىيلەشكىنىمچە ئۇستامغا قارىدىم ،ئۇ كىشىمۇ ئىشنى ئۇقۇپ بولغان بولسا كېرەك ھايال قالمايلا ئىشتىنىمنى ئېلىپ بەردى، چۈنكى ئىشتىنىم بۇ يەردىكى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكىلەرگە تۇنۇش ئىدى، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن ، بەزى يەرلىرى تىتىلىپ كەيگۈچىلىك يېرىمۇ قالمىغان ئاشۇ ئىشتان دەل مېنىڭ ئىشتىنىم ئىدى.شۇ يەردىلا ئىشتىنىمنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا بۇ ئۇستام ئىشتىنىمنى ئاختۇرساملا ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك دۇرۇس تىجارەتچى ئىكەنلىكى توغرىلىق قايناپلا كېتەتتى،ئەمما بۈگۈن ھىچ ئىپادىسىزلا ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرماقتا ئىدى.ئەپسۇزلۇق ئىچىدە دۇكاندىن ئايرىلدىم .تاكسى توسماقچى بولۇپ يانچۇقۇمنى ئاختۇرسام قۇپقۇرۇق، ئەتىگەن ئالدىردشچىلىقتا پۇل ئېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانىدىم .ئامالسىز پىيادە ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم.گەرچە ئۆي بىلەن بۇ يەرنىڭ ئارلىقى ئانچە يىراق بولمىسىمۇ نىمىشقىكىن بۈگۈن پىيادەيول مېنىش پەقەت خوش ياقمايۋاتاتتى، قۇلۇمدا تېخى بايىلا ئەپچىققان ئىشتاننى كۆتۇرگىنىمچە يولدا سەۋدايىلارچە كېتىپ بارماقتىمەن .ئاخشام ئىچكەن ھاراقنىڭ تەسىرىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بېشىم قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى.
-ھاراق چىشلىۋالدىمۇ يا؟
ئۆزەمچە شۇلارنى ئويلاپ ھاراقنىڭ چىشىنى چېقىش ئۈچۈن قاۋاققا قاراپ يول ئالدىم،يەنە ئىچتىم نىمىشقىكىن ھاراق ئىچسەملا ئازابىمنى يۇشۇرالمايتىم نەچچە رومكا ئىچىپلا مەست بولدۇم ، ئەمدى ئۆزەم بىلگەن ئاھاڭغا ناخشا توۋلاپ بۇ يەردىكىلەرنى پاراكەندە قىلىۋەتكەنىدىم ، قاۋاقخانا ئىگىسى ئىلاجىسىز مېنى بۇ يەردىن قوغلاپ چىقاردى.دەلدەڭشىپ ماڭغىنىمچە ئۆيگە قانداق كىلىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن ،ئۆيگە كىلىپلا يەنە ئۇيقۇغا دۇم چۈشۈپتىمەن . يېرىم كىچە بولغاندا توساتتىنلا قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقنى ھىس قىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەيدىغان نەرسە ئىزدەشكە باشلىدىم قېرىشقاندەك ھۆل-يىمىشتىن باشقا قورساق ئەستەرلىگۈدەك ھىچنىمە يوق، ئامالسىز شۇلارنى بولسىمۇ يەي دەپ ئويلاپ يېرىم كاسا تاۋۇزنى ئويۇپ يىيىشكە باشلىدىم .ئەمدى ھىچبىر ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، كىيىمىمنى كەيدىم دە تالاغا چىقىشقا تەمشەلدىم .
كوچا تولىمۇ جىمجىت، يالغۇز ئاي تاماشاسى قىلىش نېمىدىگەن لەززەتسىزھە؟ئەگەر ئۇ بولغان بولغان بولسا؟   
شۇلارنى ئويلاپ تۇيۇقسىز چاقناپ تۇرغان بىر ۋىۋىسكىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.
قۇرۇق يۇيۇش دېكىنى ئىكەن ، نەچچە كۈندىن بېرى سەپ سالماپتىمەن ،قاچان ئېچىلغان بولغىيتى ،ماڭا تىگىدىغان خەت تېخى مۇشۇيەردىن چىقىپ قالامدۇ ؟
خوشلۇقۇمدا بۇ كېچىنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن،ئەتىسى سەھەردىلا ئۆيدىن چىقتىم ،ئەلۋەتتە يەنە بىر ئىشتىنىمنى داغ قىلىشنىمۇ ئۇنۇتمىغان ئىدىم،بۇ قېتىم داغ قىلغان ئىشتان مەن ئەڭ ئامراق ئىشتان بولۇپ تۇنجى قېتىم ماڭا مۇشۇ ئىشتاننىڭ ئىچىدىن خەت چىققانلىقى ئېنىق ئېسىمدە ،شۇڭا بۇ ئىشتاننى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا تولىراق ئاپىراتتىم، نىمىشقىكىن بۈگۈن روھىم باشقىچە كۆتىرەڭگۈ، مەغرۈر قەدەم بىلەن بۇ يېڭى ئاچقان قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا كىردىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خۈش كەپسىز!
ناھايىتى زىل بىر ئاۋازدىن ئېسەڭگىرەپ ئالدىمغا قارىدىم ،ناھايىتى چىرايلىق، پەرى سۈپەت بىر قىز ئىللىق تەبەسسۇم ئىچىدە ماڭا بېقىپ تۇراتتى.توۋا!دەپ قالدىم ئىچىمدە،نەچچە ۋاقىتلاردىن بۇيان قىزلار ماڭا ئەزەلدىن بۇنچە يېقىملىق تۇيۇلۇپ باقمىغانىدى ،بۇگۈن نىم بولغاندىمەن ،شۇلارنى ئويلاپ ئۇ قىزغا ئىشتاننى قانداق بېرىپ ،دۇكاندىن قانداق ئايرىلغانلىقىمنىمۇ ئۇقمايلا قالدىم ،ئەجەپ قىزىق ئىش ،ئۇ قىزنى بىر  يەتدە كۆرگەندەكلا قىلاتتىم ،شۇلارنى ئويلاپ يەنە بىر قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا كېلىپ قاپتىمەن ،بولدى ئەمدى ئاشۇ بىرلا دۇكانغا ئۈمۈدۇمنى باغلاي دېگەن خىيال بىلەن ھەممە قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا بېرىپ كىيىملىرىمنى ئەكەلمەكچى بولدۇم، خۇددى مۇشۇ يېڭى ئاچقان دۇكاندىن بىر جاۋاپقا ئېرىشىدىغاندەكلا قىلاتتىم،بىر كۈننىڭ ئۆتىشىنى تەقەزالىق ئىچىدە ساقلىدىم .
-ئەگەر ئەتە ئىشتىنىمنى ئالغىلى بارسام ئىچىدىن خەت چىقىپ قالسا .......
شىرىن خىياللار ئىچىدە بىردەمدىلا تاڭ ئاتتى ،گەپمۇ قىلمايلا ئۆيدىن چىقىپ دۇكانغا قاراپ يول ئالدىم ،بەك ئەتىگەن كېلىۋالدىممۇ قانداق دۇكاننى تېخى ئاچمىغانىدى، ئالاھەزەل يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن دۇكاننى ئاچتى. ئۇ قىز يەنىلا تۈنۈگۈنكى ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن ماڭا بېقىپ تۇراتتى ،مەن ئۇ قىز بىلەن سۇسقىنا ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ئىشتاننى ئېلىپ بۇ يەردىن ئايرىلدىم ، ئۆيگە كېلىپ ئىشتاننى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،دېگەندەكلا ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىدا بىر پارچە خەت تۇراتتى، خەتنى ئېلىپ سىقىمداپ تۇتقىنىمچە شىرىن خىياللارغا غەرىق بولدۇم.
-سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن ،سىزنى ياخشى كۆرىمەن.....
چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە قۇلۇمدىكى قەغەزگە قارىدىم .
-ئاھ خۇدا! بەندەڭگە مۇشۇنداقمۇ چاقچاق قىلامسەن ، نېمىشقىمۇ ئىنسانلار ئارىسىغا مۇھاببەت ئۇرۇقىنى چاچقانسەن، مۇشۇ مۇھاببەت دېگەن ئۇقۇمنى بىلمەيلا ئۆتۈپ كەتسەم بولماسمىدى، ئاھ خۇدا.....
قولۇمدا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنىڭ تالونى تۇراتتى، شۇ ئىشتىن كېيىن قاتتىق ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدىم ، ئاتا-ئانامنىڭ مېنى كۆرسەتمىگەن دوختۇرلىرى، ئۇقۇتمىغان داخانلىرى قالمىدى، 15كۈندەك ئۆتكەندىن كېيىن سەللىمازا ياخشى بولۇپ كوچا-كويلارنى ئايلانغۇدەك بولدۇم ،چىرايىم تېخىمۇ ياداپ ، بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانىدىم.ئۆزەممۇ ئۇقمايلا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن ،يەنە كونا كېسىلم تۇتتى ، شاپپىدە ئۆيگە كەلدىم ، قارىسام ھەممە كىيىملىرىمنى ئاپام يۇيۇپ قۇيۇپتۇ، ئامالسىزلىقتىن  مەن ئەڭ ئامراق ئىشتانغا چاي تۆكۈپ ئۇنى داغ قىلدىمدە شۇ ھامانلا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قاترىدىم ، كىيىمنى بىرىپلا گەپمۇ قىلماي ئۇ يەردىن چىقىپ كەتتىم ، ئەمدى يەنە بىر قېتىملىق بېسىمغا بەرداشلىق بەرگۈدەك ماجالىم قالمىغانىدى.تەشۋىشلەر ئىچىدە بۇ كۈننىمۇ ئۆتكۈزىۋالدىم ،ئەتىسى دۇكانغا كىرىپ ئۇ قىزنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن تالوننى كۆرسىتىپ ئىشتاننى ئەكەتمەكچى بولدۇم.
-كەچۈرۈڭ!
تۇيۇقسىز قىلىنغان بۇ تەكەللۇپتىن سەل ھەيران بولۇپ ئۇ قىزغا قارىدىم .
-كەچۈرۈڭ ، بۇ كىيىمىڭىزنىڭ يۇغىدەك يېرى قالماپتۇ، تۈنۈگۈن دەي دېيىشىمگىلا چىكىتىپ قالدىڭىز، ئەمدى يۇساق .....
ئىچىم تولىمۇ ئاچچىق ھالەتتە ئۇ يەردىن ئايرىلدىم، مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمۈدۇم بولغان بۇ ئىشتانمۇ مېنى تاشلاپ كەتمەكچى بولىۋاتاتتى، مەن ئۈچۈن بۇ ئىشتاننىڭ  يوقىلىشى ئۈمۈت شامىمنىڭ ئۆچكەنلىكىدىن بىشارەت بېرەتتى،كەيپىياتىم سۇلغۇن ھالدا ئۆيگە كەلدىم ۋە قولۇمدىكى ئىشتاننى چىڭ قاماللاپ تۇتقىنىمچە ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمەيمەن ،بىر كەملەردە ئاۋازىم پۈتۈپ قاپتۇ،كۆزۈم يەنىلا ئاشۇ تىتىلىپ ھالى قالمىغان ئىشتاندا ئىدى، ئەڭ ئاخىرقى رەت ئۇ ئىشتاننى كىيىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنى قولۇمغا  ئالدىم ، مۇشۇ تۇرقۇمدا تالاغا چىقسام خەق قانداق ئويلاپ قالار؟
ئەمما تېنىم مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بوي سۇنمايۋاتاتتى.ئەتراپ قاپقاراڭغۇ ،تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرى بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل بىلىنگەن ئىدى، ئەمدىچۇ ؟ مېڭىۋاتىمەن ،مەنزىلىم قايان ئۇنىمۇ بىلمەيمەن ،بەلكىم شۇ قاراڭغۇ دۇنيا ئىچىدىن يۇرۇقلۇق ئىزدەش ئۈچۈن توختىماي مېڭىۋاتقاندىمەن....





مەنبەسى: ئەپچىلەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 05:57 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-9-13 07:54 PM):
ھىكايە ئاخىرلاشتى، چۈشىنىكسىز جايلار سىلەرنىڭ خىيال قىلىشىڭلار ئۈچۈن ...

گـەرچـە مـەن جەمىيـەت تەرىـپىدىن لۈكـچـەك دەپ ئاتالغـان بولـسامـمۇ، لېـكىن  ئۆزەمنـىڭ ھامـان بىر پارلىغـان يۇلـتۇز بولـىدىغانلـىقـىمغا ئىشىنىمـەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 10:15:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە ...مەشۇغىڭزنى ئاخىرى تىپىپسىزدە....

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...

ئاتا- ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36
يازما سانى: 1219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11555
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 2731 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 10:23:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاداش بۇ ھىكايەڭلىنى چاتما قىلىپ يىزىۋىتىپسىلىدە .  
ھەممىنى يىزىپ بولغاندا بىراقلا باھا برىىشنى ئويلاشتىم .

سەنسىز يۈرگۈنۈمدىن سىنى كۆرگەن چۈشلىرىم ياخشىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84607
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-9-2
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 11:06:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگىدىما، مەشۇقىڭىزنى ئاخىرى تاپتىڭىز.

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4833
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 11:24:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى قايتا ئوقۇپ چىقىپتىمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulahad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 11:24 AM  


كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 948
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 12:04:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھەببىتىڭلار تېخى تۈگىمىدىما ؟ بوپتۇ بىر ئوقۇپ باقاي كەينى قانداق بولدىكىن

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82239
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3413
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 12:13:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئاخىرى بادەك قېلامدۇ نېمە ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82239
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3413
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 12:15:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايە تۈرنىڭ ئچىدنمۇ يەنە ‹‹خىيالىزىملىق ھېكايە›› دەپمۇ باما، چۈشەنچە بەسەڭلار،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 12:23:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى دۇككانچى بولوپ قالدىڭلا ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 948
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 12:25:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ خەت بىلەن تۈگىدىما . كېيىن ئۇچراشمىدىڭلارما

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش