مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ╰︶ ̄原地守候

تېڭىرقاپ قالغان قىز (رومان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 03:35:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرسىلەر، ۋورددا ئۇرۇپ بىر ئوبدان تەھرىلىگەن ئىدىم. لېكىن ئىنكاس شەكىلدە يوللىسام تەھرىرلىگىنمنىڭ ھەممىسى بىر تىيىن بولدى، بۇنى قانداق ھەل قىلسام بولار،

نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17673
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5793 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 04:55:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
╰︶ ̄原地守候 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-4 03:35 PM
كەچۈرسىلەر، ۋورددا ئۇرۇپ بىر ئوبدان تەھرىلىگەن ئىدىم.  ...

مەن ھەممىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ بىراقلا يازاي ھە ئىنكاسنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 06:02:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                          2
  بىر كۈنى كەچتە، فائىزە كىنوغا باردى. قايتىشىدا يول بويى كىنودىكى باش قەھىرىمان قىزنى ئويلاپ ماڭدى.
  فائىزە ھامان تەسەۋۋۇر دۇنياسىدا ياشايتتى، ئۆزىنى تەسەۋۋۇر دۇنياسىدىكى ھەربىر ھەركەتتە، كۆرگەن كىنولىرىدا، ئوقۇغان كىتابلىرىدا كۆرەتتى. كۆرگەن كىنولىرى ياكى ئوقۇغان كىتابلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنى پىروفېسسور مۇنىرە ھۇرمى يازغان كىتابلاردەك تىزگىنلىۋالالمايتتى.
مۇنىرە ھۇرمىنىڭ رومانلىرىدا، ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان پاك مۇھەببەت تەسۋىرلىنەتتى، ئۇ ياراتقان باش قەھرىمان قىزلار ئاجايىپ پاك، ئاليجاناپ قىزلار ئىدى، ئۆزىنى پۈتۈنلەي مۇھەببەتكە بېغىشلاپ، مۇھەببەت ئۈچۈن تېنىنى قوغدايتتى.
تەسەۋۋۇر ئىسكەنجىسى فائىزەنى خام خىيال بىلەن رىئاللىقنى پەرىق ئېتەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانىدى. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدا، مۇنىرە ھۇرمى ئەپەندى بۇ رومانلاردىكى باش قەھرىمان يىگىت، ئۆزى بولسا باش قەھرىمان قىز ئىدى. ھاتتا، ئۇ «مەن مۇنىرە ھۇرمى ئەپەندىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالدى» دەپ قارايتتى. شۇندىلا ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرى ئاخىرلىشاتتى؛ ئۇ مۇنىرەنىڭ ھەر-بىر ئەسىرىنى ئۆزىگە يېزىلغان مۇھەببەت مەكتۇبى دەپ ھېسابلايتتى.
  فائىزەنىڭ بىردىنبىر ئاجىزلىقى شۇئىدى.
  ئەسلىدە ئۇ قەيسەر قىز ئىدى. قەيسەرلىكى شۇ يەردىكى: ئۇ ئېقىمغا ئەگىشىپ كەتمەيتتى، شۇڭا ئاپىسى ۋە ھەدىلىرى بېشىچە كىرىپ كەتكەن ئەيشى-ئىشىرەت بولىغان ماڭمىغانىدى؛ ئەتىراپتىكى ئازدۇرۇشلارغا-ياشلارنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە ھەر كۈنى ئۆيىگە كېلىپ تۇرىدىغانلارنىڭ مال-دۇنياسىنىڭ ئازدۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇپ كەلگەنىدى؛ قانداق مۇھىتتا قېلىشىدىن قەيئىينەزەر، ئۇ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى؛ ئۇ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكىنىگە خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، دادىسىنى سېغىنىپ، دادىسىنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىپ كەلگەنىدى.
  لېكىن، ئاجىزلىقى شۇ يەردىكى، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسى ھۇرمى ئەپەندى يازغان رومانلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغانىدى.
  فائىزە سومكىسىدىن ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكنى ئاچتى. ھەدە-سىڭىل ئۈچەيلەن بىردىن ئاچقۇچ تۇتاتتى، ئۇلار كۆڭلى تارتقان ئىشنى قىلىشقا ھوقۇقلۇق، خالىغان چاغدا سىرتقا چىقىش ۋە خالىغان چاغدا قايتىپ كېلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىدى. ئاپىسى قىزلىرىنىڭ قەيەرگە بېرىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيتتى، پەقەت قىزىلىرى نەلەردە يۈرگىنىنى ئۇنىڭدىن يۇشۇرمىسىلا كۇپايە ئىدى.
  فائىزە ھۇجىرسىغا ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، كۈندىكىدەك كەچلىك ئولتۇرۇش بولىۋاتقان مېھمانخانىغا ئېرەنسىزلا قارىغانىدى، ئەمما خۇددى يەرگە مىقلىنىپ قالغاندەك، قەدىمىنى يۆتكىيەلمەي تۇرۇپ قالدى-دە، ئىشەنمىگەندەك مېھمانخانىغا يەنە بىر قېتىم قارىدى.
  «شۇغۇ!»
  «دەل ئۆزى!»
  مۇنىرە ھۇرمىنىڭ تۇرقى فائىزە كىتابنىڭ تىتولىدا كۆرگەن سۈرەتكە ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ كېلىشكەن قەددى-قامىتى، تەمكىن چىرايى  خىيالى دۇنيادا كۆرۈنگەن كۆلەڭگىگە ئوخشايتتى؛ ئۇنىڭ نۇر چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى ھەر قانداق رەزىللىكتىن خالىدەك كۆرۈنەتتى؛ لەۋلىرى ھەسرەتلىرىنى يۇشۇرۇپ تۇرغاندەك يۇمۇلغاندى؛ ئىككى چېكىسىدىكى چار چاچلىرى پەرىشتەنىڭ قاناتلىرىغا ئوخشايتتى. بەجايىكى ئىنسانىيەتكە بەخىت ئاتا قىلغۇچى پەرىشتىدەك ئىللىق كۈلۈمسىرەيتتى.
  ئۇ، كاتتا يازغۇچى مۇنىرە ھۇرمى ئەپەندى ئىدى!
  فائىزەنىڭ كۆڭۈل ئېقىنىدا ئىدىيىۋى كۈرەشنىڭ كۈچلۈك دولقۇنى كۆتۈرىلدى: «بۇ نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدى؟»
  «ئۇ ھەر كۈنى ئاخشىمى بۇ يەرگە كېلىۋاتامدىغاندۇ؟ بۇ يەرگە كېلىدىغانلار، ھەر كۈنى ئۆلگۈدەك ئىچىشىپ مەسىت بولىدىغان، ۋارقىرشىپ-جارقىرشىپ جىدەل چىقىرىدىغان، چارچاپ ھالى قالمىغاندا ئۇيقۇغا كېتىدىغان ياكى چالا-پۇلا ئۇخلىۋالىدىغان ئادەملەر تۇرسا...»
  فائىزەنىڭ كاللىسىغا «مۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس! زادى مۇمكىن ئەمەس! مۇنىرە ھۇرمى ئەپەندى ئۇلارنىڭ قاتارىدىكى ئادەم ئەمەس، ئۇ، مۇنداق يىرگىنىشلىك ھىكايىلارنىڭ باش قەھرىمانى بولماستىن، پاك مۇھەببەت ھىكايىلىرىنىڭ باش قەھرىمانى!» دېگەن ئوي كەچتى.
  فائىزەنىڭ ئەقىل-ئىدىرىكى: «مۇنىرە سىنى تونىمايدۇ، سەن توغۇرلۇق ھىچنېمە ئاڭلاپ باقمىغان، سېنى دەپ كېلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس» دەيتتى.
  «ئۇنداقتا، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدى؟»
  ئۇ خام-خىيال ۋە ئەقىل ئىدىراكتىن ئۆزىنى قانائەتلەندۈرگىدەك جاۋاب تاپتى: «بۇ دۇنيانىڭ ئەسلى قىياپىتىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن، ئىنسانلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى يەڭگىللىتىش، ئۇلارغا بەخىتىنىڭ پارلاق يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ساماۋى دۇنياسدىن كىشىلەر ئارىسىغا كەلگەن». بۇ يول فائىزە دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن بويان جەبرى-جاپا ئىچىدە ئىزلەۋاتقان يول ئىدى.
  فائىزە قەدىمىنى يۆتكەپ، خۇددى خىيال ئاسمىنىدىكى ئېزىتقۇ تۇمانلارنى بۆسۈپ كېتىۋاتقاندەك، ئۇدۇل مېھمانخانىغا قاراپ ماڭدى.
  مۇنىرە ھۇرمى ئەپەندى مېھمانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىچىملىك ئىچىپ ئولتۇراتتى. فۇجىيە ئۇنىڭ يېنىدا قۇچىقىغا چىقىۋالغاندەك ھالەتتە ئولتۇراتتى. خەدىچە ئۇلارنىڭ نېرىسىدا ئىسمەنەلى ئەپەندىنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ نېرىسىدا ئاپىسى، ئاپىسىنىڭ يېنىدا شەۋكەت ئەپەندى ئولتۇراتتى. شەۋكەت ئەپەندىنىڭ يېنىدا ئۆزىنىڭ ۋە ئىسمەنەلى ئەپەندىنىڭ قۇيرۇقلىرىدىن ئۈچ-تۆتى ئولتۇراتتى. ئۇلاردىن بىرەرسى قىلىپ قويغان ئانچىكى چاقچاقلارغىمۇ ھەممىسى قاقاھلىشىپ كۈلۈپ كېتىشەتتى؛ بەزىلىرى ھەدەپ ۋىسكىي ئىچىپ، تەخسىدىكى سەيلەرنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يېيىشەتتى.
  ئۇيۇن-كۈلكە ۋە چاقچاققا بېرىلىپ كەتكەن بۇ ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسى فائىزەنىڭ ئارسالدىلىق بىلەن قەدەم تاشلاپ ئاستاغىنە كىرىپ كەلگىنىنى سەزمىدى.      
  فائىزە ئۇدۇل مۇنىرە ھۇرمىنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى ۋە ئۇنىڭدىن:
  -سىز مۇنىرە ئەپەندى بولامسىز؟ - دەپ سورىدى.
  ھەممەيلەننىڭ نەزىرى تەڭلا فائىزەگە يۆتكەلدى، شەۋكەت ئەپەندى بىرىنچى بولۇپ توۋلاپ كەتتى؛
  -قارشى ئالىمىز، فائىزە بۈۋىم، مۇبارەك قەدىمىڭىز يېتىپتۇ!
  بۇ توقۇنەكلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرى ھەربىيچە تەلەپپۇزدا توۋلىدى:
  -ئوقۇتقۇچى قىز!      
  ئۇ يەنە مەسخىرلىك كۈلكە بىلەن قولىنى چىكىسىگە قويۇپ ھەربىيچە سالام بەردى.
  فائىزەنىڭ مۇنىرەگە كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرغىنىنى كۆرگەن ئىسمەنەلى:
  -مۇنىرە ئەپەندى، ئامەتلىك ئىكەنسىز! - دېدى.
  فائىزەنىڭ ئاپىسى كۈلۈپ كەتتى ۋە خوشاللىق يېغىپ تۇرغان كۈلكىدىن قەددىنىمۇ رۇسلىيالماي مۇنداق دېدى:
  -مۇنىرە ئەپەندى، بۇ مېنىڭ قىزىم فائىزە، ئوقۇتقۇچى بولماقچى. باش كۆتەرمەي كىتاپ ئوقۇيدۇ، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزگە بۆلەكچە ھېرىس.
  مۇنىرە ئۇنىڭغا بىر قاراپلا ھەممە يېرىگە دىققەت قىلىپ چىقالىدى: ئۇنىڭ جەلىبكار، سەرۋىدەك نازۇك قامىتى گويا دەردلىك تىتىرەۋاتقانغا ئوخشايتتى؛ بۇغداي ئۆڭلۈك ئەتلىرى خۇددى مەزىن ۋە مۇرتلىرى كۆرۈپ باقمىغان مۇقەددەس مەسچىتنىڭ پەردىلىرىگە ئوخشايتتى؛ بىر-بىرگە يېپىشىپ تۇرغان چىرايلىق لەۋلىرىدىن مېھرى-شەپقەتكە تەشنالىقى بىلىنىپ تۇراتتى؛ تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرغان ئۆرۈمە چاچلىرىغا ئۇنىڭ مەخپىيتى-يېقىملىق مەخپىيتى، ياشلىق باھارىنىڭ مەخپىيتى، كۆڭۈل ئىشىكى ھىم يېپىق قىزنىڭ مەخپىيتى يۇشۇرۇنغانىدى.
  مۇنىرە ئورنىدىن تۇردى، چىرايىدا خۇش تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى. دوستلىرىنىڭ ۋاڭ-چۇڭى بىلەن قىلچە كارى بولماي، فائىزەنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلگىنىچە سۆزلىدى:
  -بىزگە شەرەپ ئاتا قىلدىڭىز، فائىزە خېنىم ...
  ئۇ فائىزەگە قولىنى سۇندى، فائىزەمۇ قولىنى سۇندى، ئەمما ئۇ خۇددى قارشى تەرەپ ئۆز قۇلىنى تۇتۇشقا مۇناسىپ ئەمەستەك، قولىنى ئارسالدىلىق بىلەن سۇنغانىدى. فائىزە پەس ئاۋازدا جاۋاب بەردى:
  -مەنمۇ شەرەپ ھېس قىلىۋاتىمەن، ئەپەندى. ماڭا ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك شەرەپ نېسىپ بولمىغان!
  مۇنىرە ئەپەندى سېزىمىگە تايىنىپ كىملەرنىڭ ئۆز كىتابخانى ئىكەنلىكىنى، كىملەرنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدىن بەھىر ئالغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايتتى. شۇڭا فائىزەنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدىن بەھر ئالغۇچى قىز ئىكەنلىكىنى بىلدى.
  مۇنىرە كىتابخانىلىرىغا بەكمۇ سالاپەتلىك مۇئامىلە قىلاتتى. ئۆزىنى كىشلەرنىڭ ئوي-خىيالىدا ياشايدىغان، كۆڭلىدە مەخپىيەتلىكىلىرىنى بىلىدىغان، مەخپى سىرلارنى ئاچالايدىغان كاتتا پىرافېسسور ھېسابلايتتى؛ ئۆزىنى يەنە بىمارلارغا كۆكسى-قارنىنى كەڭ تۇتۇپ مۇئامىلە قىلىدىغان، ھەر بىر بىمارنىڭ كېسىلىگە قاراپ دورا بېرىدىغان ساداقەتمەن دوختۇرنىڭ ئورنىغىمۇ قوياتتى.
  ئۇ، قولىنى فائىزەنىڭ قولىغا تەگكۈزۈش بىلەن تەڭ دوختۇرلۇق تونىنى كىيدى.
  فۇجىيە ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي ھەيران بولۇپ سىڭلىسىغا قارىدى. فائىزەنىڭ ئىككى مەڭىزى ئوت ئېلىپ، ئاناردەك قىزىرىپ كەتكەنىدى؛ نەپەس ئېلىشىنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقاندەك ئۇنىڭ لەۋلىرى تىتىرەيتتى. شۇ ئارىدا فۇجىيە ئورنىدىن تۇردى ۋە سىڭلىسىغا خەيرىخاھلىق نەزىرىدە قاراپ:
  -بۇ ياققا كەل، فائىزە. بۇ يەرگە كېلىپ ئەپەندىنىڭ يېنىدا ئولتۇر، - دېدى.
  -رەھمەت،-دىدى فائىزە ئىزا تارتىپ.
  فائىزە ئولتۇردى، مۇنىرەمۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. ئۇ ئۆز ئەسەرلىرنىڭ ھەۋەسمەنلىرىگە يازغۇچىلىق سالاپىتى بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.
  مۇنىرە بىر رومكىنى ئېلىپ لىۋىنى تەگكۈزدى.
  فائىزە ئۇنىڭ قولىدىكى رومكىنىڭ خۇددى ئوت يالقۇنىدا ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك ھالىتىگە قارىغىنىچە، ئاچچىقلانماي، خۇپسەنلىكمۇ قىلماي، تارتىنچاقلىق بىلەن سۆزلىدى:
  -ئەپەندى، ئەسەرلىرىڭىزنى شۇ قەدەر ياقتۇرىمەنكى، ھەر-بىر ئەسىرىڭىزنى يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇپ چىقىمەن.
  فائىزەنىڭ تارتىنپ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىسمەنەلى دەرھال توۋلىدى:
  -غەيرەت قىلىڭ، پىروفېسسور!
  يەنە بىر توقۇنەك ئوخشاش ئاۋازدا توۋلىدى:
  غەيرەت قىلىڭ، توختاپ قالماڭ!
  بىردىنلا قاتتىق كۈلكە كۆتۈرۈلۈپ، تېتىقسىز گەپلەر تەكرارلىنىشقا باشلىدى.
  مۇنىرە شاۋقۇن-سۆرەنگە ۋە بىمەنە چاقچاقلارغىمۇ ئارلاشماي، تەمكىن كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى. ئۇ، فائىزە مېھمانخانىغا كىرگەندىن بويان، يازغۇچىلىق سالاپىتى بىلەن، چىرايىغا كۈلكە تۈسى بەرگەن ھالدا ئولتۇراتتى.
  ئۇ، كاتتا يازغۇچىلىق سالاپىتىنى ساقلىماقتا ئىدى!
  فائىزە ئەتىراپتىكىلەرگە خاپا بىزار بولغان ھالدا قاراپ قويغاندىن كېيىن، مۇنىرەگە قاراپ سۆزىنى داۋام قىلدى:
  -ئەپەندى، سىزنىڭ نىناغا قىلغان مۇئامىلىڭىز توغرا بولمىدى، ئۇ ھېچكىمنىڭ چۈشىنىشىگە مۇيەسسەر بولالمىغان بىر بەخىتسىز قىز تۇرسا.
  مۇنىرە بىردىنلا ھاياجانلىنىپ كەتتى، خۇددى بۇ بەتنامغا قارىتا قايتۇرما ھوجۇمغا ئۆتكەندەك سۆزلىدى:
  -نېنا دېگىنىڭىز كىم؟
  -نېنا «يۈرىكىم ساڭا مەنسۇپ» دېگەن ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى، - دېدى فائىزە ئۇنىڭ نىنانى ئۇنتۇلۇپ قالغىنىغا ئېرەم قىلمىغاندەك.
  مۇنىرە ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ، كاتتا يازغۇچىلىق سالاپىتى بىلەن سۆزلىدى:
  - ئوھوي، سىز مېنىڭ ئەسىرىمدىكى قەھرىمان ئىكەنسىزغۇ، بۇ مېنىڭ خىيالىمغا كەلمەپتۇ ...
  ئىسمەنەلى ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتتى:
  - ئەپەندى نېمە قىلغىنىڭىز بۇ؟ نېمە ئانچە مۇلايىم بولۇپ كەتتىڭىز؟ يېڭى ئەسىرىڭىزنى كۆز-كۆز قىلماقچى بولۇۋاتامسىز-يە؟
  خەدىچە گەپكە ئارلاشتى:
  -ئۇنداق ئەمەس، ئەپەندى، دىققەت قىلىڭكى، ھەر بىر ھېكايە ئۇنى يۈتۈۋېتەلمەيدۇ.
  ھەممەيلەن ئۆينى كۆتۈرۋەتكۈدەك قاتتىق كۈلۈپ كەتتى.
  - راسىت دەۋاتىمەن، مەن توغۇرلۇق ھېكايە يېزىڭ! مەن تەۋفىق ھەكىمنىڭ ھېكايىسىدىكى نارىمەندىن ياخشى. ھېچ بولمىغاندا مېنىڭ بۇ ھېكايەم يېڭى، ھېچكىم بىلمەيدۇ، - دېدى فۇجىيە كۈلۈپ.
  ئاپىسى ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى:
  -ئۆز كۆڭلۈكنى خوش قىلىۋاتىسەن، سەن يا ئايال پادىشاھ بولمىساڭ، تەۋفىق ھەكىم سېنى نېمىدەپ يازاتتى.
  كۈلكىدىن قورسىقى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇرغان شەۋكەت مۇنداق دېدى.
  - قاراڭ سىزنى، تاشىدە، ئۆزىڭىزنى ئابباستىن باشقا بىرەرسى يازارمدىكىن دېگەن ئويدا بولماڭ. سىلەر بىر قەبىلىدىن ئەمەسمۇ؟
  مۇنىرە كۈلكە-چاقچاقلارغا ئارلاشماي، ئۆزىنى تۇتۇپ، ئىللىق كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى.
  فائىزەنىڭ غەزەپلىك نەزەرىدىن سورۇندىكىلەرگە ئوق ياغماقتا ئىدى. ئاخىرى ئۇ مۇنىرەنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى:
  - سىز بىلەن جەزمەن كۆرۈشىمەن، سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم كۆپ. بۇ يەردە دېگىلى بولمايدۇ.
  مۇنىرە باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن بوشقىنا سۆزلىدى:
  - ئەتە ئەتىگەندە ئۆيۈمگە تېلېفون بېرىڭ.
  ئاندى ئۇ يەنە بىر ئېغىز گەپنى قوشۇپ قويدى:
  - تېلېفون دەپتىرىدە نومۇرۇم بار.
  فائىزە گويا پۈتۈن ئۆمرىدىكى ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقاندەك، يېقىملىققىنە كۈلۈپ قويدى ۋە يەنە ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى:
  ھازىرلا تېلېفون نومۇرىنى تاپىمەن، ئەتە ئەتىگەندە سىزگە تېلېفون بېرىمەن.
  -بەك ئەتىگەن بولۇپ كەتمىسۇن جۇمۇ!
  فائىزە خۇش تەبەسسۇم بىلەن سۆزلىدى:
  - بولىدۇ، ئۇنچە ئەتىگەن تېلېفون بەرمەيمەن. كەچۈرسىز، مەن بۇ يەردە كۆپ ئولتۇرالمايمەن، خۇشۋاق بولۇڭ!
  مۇنىرە ئاستاغىنە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ چىڭ قىستى:
  -سىزمۇ خۇشۋاق بولۇڭ، ئەتە كۆرۈشەيلى!
  فائىزە شادلىق ئىلىكىدە ئۇنىڭغا قارىدى، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، باشقىلارغا نەزەر كۆزىنىمۇ سالماي، مېھمانخانىدىن چىقىپ ئۇدۇل ھۇجىرسىغا ماڭدى.
  ئارقىدىن شەۋكەتنىڭ:
  - ھوي، كېتىپ قالدىڭىزغۇ، فائىزە بۈۋىم، بۇ يەردە بىزمۇ بارغۇ! - دېگىنى ئاڭلاندى.
  - ئىسمەنەلى ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى:
  - ئۇ كېتىۋەرسۇن، ئەپەندى، بىردەم ئولتۇرغىنىنىڭ ئۆزى كۇپايە. ئەمدى ئۇنىڭدىن تەبىھ ئاڭلاپ قالمايلى.
  - ئۇنىڭ مىجەزى شۇنداق، چىرايلىق قىزنىڭمۇ بىر ئەيىبى بولىدىكەن، - دېدى ئاپىسى.
  فۇجىيە يېڭىباشتىن مۇنىرەنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋالغاندەك ھالەتتە ئولتۇردى. بۇ چاغدا فائىزە ئۇلاردىن يىراقلاپ كەتكەنىدى، ھەدىسىنىڭ نېمە دېگەنلىرىنى ئاڭلىيالمىدى:
  - نېمە بولدىڭىز؟ مۇنىرە ئەپەندى، كۆزلىرىڭىزنى مەندىن قاچۇرۇپلا تۇرىسىزغۇ؟
  مۇنىرە كاتتا يازغۇچىلىق سالاپىتىنى ئۇنتۇلۇپ، قولىنى سۇزۇپ فۇجىيەنى بېلىدىن قۇچاقلىدى ۋە لەۋلىرىنى ئۇنىڭ ئوچۇق مۈرىسىگە ياقتى:
  - كۆزلىرىم ئۆمۈر بويى سىزگە تىكىلىپ تۇرىدۇ.

   داۋامى بار ...               

نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2091
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13554
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3117 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 06:04:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ  تەشەككۈر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 06:05:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azizgul يوللىغان ۋاقتى  2012-10-4 06:04 PM
كۆپ  تەشەككۈر !

رەھمەت.

نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76667
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4287
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 585 سائەت
تىزىم: 2012-2-27
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 06:07:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
╰︶ ̄原地守候 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-4 11:11 AM
چوقۇم ئىڭەكلەر چۈشۈپ قالمايدۇ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە يولل ...

ماقۇل، سىزنى شۇ ئەسلى ئورنىدا ساقلاپ تۇرۇپ قالسا دەپ ئەنسىرەپچۇ.
بۇ تىمىڭىزنى ئەمدى نىم جاپا نىڭ تىمىسىنى قوغلاپ تۇرۇپ كۆرگەندەك، تەشنالىقتا تۈگۈتىدىغان بولدۇقتە.
ئالدىرىماي مۇۋاپىق سۈرئەتتە يوللاڭ. سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 06:08:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلنازە يوللىغان ۋاقتى  2012-10-4 06:07 PM
ماقۇل، سىزنى شۇ ئەسلى ئورنىدا ساقلاپ تۇرۇپ قالسا دەپ  ...

رەھمەت چوقۇم تىرىشىمەن.

نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85678
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-10-3
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 06:51:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك كۆپ ئىكەن ، كۆزلىرىم ئاغرىپ كەتتى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85696
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 402
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2012-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:03:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا بەكمۇ تەشنامەن .كۇندە قاراپ كۇزۇم تىشىلگىدەك بولىدىغان بولدىدە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 01:28:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
*   *    *
فائىزە تۈن بويى ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمدى.
مۇنىرەنىڭ ئوبرازى ئۇنىڭ كاللىسىنى چىرمىۋالغان، ھۇجىردىكى پۈتكۈل بوشلۇقنى قاپلىغان، ئۇنىڭ بارلىق خام-خىياللىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغانىدى. مۇنىرە دەل فائىزە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قىلغان ئەر ئىدى، مۇنىرەنىڭ سۆز ئاھاڭى دەل فائىزەنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدەك ۋەزىنلىك ئىدى، مۇنىرە ئۇنى قارشى  ئالغاندا ئىپادىلىگەن خوش تەبەسسۇم دەل فائىزەنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى يېقىملىق تەبەسسۇم ئىدى. فائىزە ئۇنىڭ كىتابىنى ئاچقاندا، ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەيدىغان تەبەسسۇم بىلەن ئۆزىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتى؛ ئۇنىڭ يۇمشاق بارماقلىرى-سەنئەتكارنىڭ بارماقلىرىمۇ فائىزەنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى بارماقلار ئىدى.  مۇنىرە شۇ بارماقلار بىلەن فائىزەنىڭ يۈرەك تارىنى چېكەتتى.
فائىزە ئەتە ئەتىگەندە ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا دېيىشىدىغان گەپلىرىنى تەييارلاشقا باشلىدى.
«ئاڭلاڭ» دىگەن كىتابتىكىگە ئوخشاش ئاۋال ئۆز كۆڭلىنى ئۈجۈر-بۈجۈرگىچە ئىزھار قىلىۋېتىپ، ئاندىن قىزنىڭ «يۈرەكتىكى جاراھەت» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە سۇئال قويغاندەك مۇنىرەنىڭ كۆز قارىشىنى سورىسۇنمۇ؟
مۇنىرەگە كۆز يېشى تۆكۈپ، ئۆزىنى ھازىرقى تۇرمۇش مۇھىتىن قۇتقۇزۇۋېلىشنى ئۆتۈنسۇنمۇ؟
ئۇ بىر قارارغا كېلەلمىدى.
فائىزە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇردى. تۈن بويى ئۇخلىماي چىرايى سارغىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، كۆزلىرىدىن خۇددى يېپيېڭى دۇنيانى كۆرگەندەك شادلىق نۇرى چاقنايتتى.
ئۇنىڭغا ۋاقىت بەكمۇ ئاستا ئۆتۈۋاتقاندەك بېلىنەتتى، ئۇنىڭ قولى ئىشقا بارمايتتى، ئەس-يادى مۇنىرەدە ئىدى.
سائەت ئونبىر بولىشى بىلەن، ئۇ تىتىرەپ تۇرغان قولىنى تېلېفونغا ئۇزىتىپ، كۆڭلىگە ئورناپ كەتكەن سېغىرلارنى باستى. قارشى تەرەپتىن خوش ياقمىغاندەك ئاۋاز ئاڭلاندى، قارشى تەرەپ ئورنىدىن تۇرمىغان بولسا كېرەك، فائىزە دېمەكچى  بولغان سۆزلىرىنى دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئاران دېيەلىدى:
-خەيرىلىك سەھەر، مەن فائىزە.
-ياخشىمۇ سىز؟ فائىزە، - مۇنىرەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
مۇنىرە خۇددى كونا تۇنۇشىدەك، گويا ئۇمۇ تۈن بويى فائىزەنى ئويلاپ چىققاندەك، تەبىئى ھالدا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتىدى.
-سىزنى ئويغىتىۋەتتىمغۇ دەيمەن؟ - فائىزە يەنىلا دۇدۇقلاپ سۆزلەيتتى. كۆڭلى دەككە-دۈككىدە ئىدى.
-يوقسۇ، مەن ئويغانغىلى نەۋاق، تېلېفونىڭىزنى كۈتۈپ تۇراتتىم.
فائىزە خوشاللىقتىن توۋلاپ كەتتى:
-راستىمۇ؟
مۇنىرە ئۆزىنى ئۇنىڭ خوشاللىقىنى سەزمىگەنگە سېلىپ، تەمكىن ۋە ئىزلەڭگۈلۈك بىلەن سۆزلىدى:
-مەن بېلەن نېمە توغۇرلۇق سۆزلەشمەكچىدىڭىزكىن؟
-سىز بىلەن نۇرغۇن ئىشلار توغۇرلۇق سۆزلەشمەكچىمەن، ئېيتماقچى بولغانلىرىم بەك كۆپ، ئەپەندى.
-نېمىلەرنى دېمەكچىسىز؟ بىر سائەت يېتەمدۇ؟ ياكى ئىككى سائەتمۇ؟
-سىزنى زېرىكتۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن.
-يوقسۇ، سۆزىڭىزنى مەڭگۈ ئاڭلاشقا تەييارمەن. شۇغىنىسى ھازىر مەن بەك ئالدىراش، خالىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى كۆرۈشكەندە سۆزلىشەيلى.
-قەيەردە كۆرۈشىمىز؟ - فائىزە ئارسالدىلىق بىلەن سورىدى.
-مېنىڭ ئۆيۈمدە كۆرۈشەيلى، قانداق؟
فائىزە كاللىسىدىكى ئەندىشىلەرنى تارقىتىۋاتقاندەك، سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ دادىل سورىدى:
-ئۆيۈڭىزدە كۆرۈشمىسەك بولمامدۇ؟
ئۇ كۈلۈپ قويۇپ تەبئى تەلەپپۇزدا سورىدى:
-قەھۋەخانىدا كۆرۈشۈشنى ياخشى كۆرەمسىز - يا؟
فائىزە ئۇنىڭغا ئىشىنىپ قالغاندەك تەلەپپۇزدا جاۋاب بەردى:
-ياق، قەھۋەخانىغا بارمايلى، ئۆيىڭىزدە كۆرۈشكىنىمىز تۈزۈكتەك قىلىدۇ، پەقەت ...
-سائەت توققۇزدا كېلەمسىز؟
-ۋىييەي، سائەت توققۇز دېگەن بەك كەچقۇ، ئەپەندى.
-ئەمسە، سائەت يەتتىدە كۆرۈشەيلى! خېنىم.
-سائەت تۆتتە  كۆرۈشسەك  بولمامدۇ؟
-سائەت تۆتتىن باشقا ۋاقىتتا كۆرۈشكىلى بولمامدۇ؟ چۈنكى مەن ھەر كۈنى سائەت ئۈچتىن باشلاپ بىخۇد ھالەتكە كىرىمەن.
-خۇدايىم ساقلىغاي! بوپتۇ، سائەت يەتتىدە بولسۇن، ئۇنىڭدىنمۇ كەچ بولۇپ كەتمىسۇن، دېدى ئۇ سەمىمىي ھالدا.
-دېگىنىڭىزچە بولسۇن.
-خەيىر-خوش.
ئۇ، تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆز ئالدى سەل قاراڭغۇلاشقان، بەرگەن تېلېفونىدىن ھېچ ئىشنى ھېس قىلالمىغان، ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىگەنىدى. ئۇ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى رەتكە سېلىۋالماقچى بولدى؛ مۇنىرەنىڭ ئۆيى ۋە بۇ ئۆينىڭ بېزىلىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ باقماقچى، ئۇنىڭ بىلەن قانداق كۆرۈشۈدىغانلىقىنى خىيالىدىن ئۆتكۈزمەكچى بولدى: «مېنىڭ قاقاھلاپ كۈلىشىم كېرەكمۇ، ياكى مىيىقىمدا كۈلىشىم كېرەكمۇ؟ فىرانسوز تىلىدا خەيرىلىك كەچ، دېيىشىم كېرەكمۇ، ياكى ئەرەب تىلىدا دېيىشىم كېرەكمۇ؟»
شۇنداقتىمۇ، بۇ تەسەۋۋۇرلارنىڭ ھەممىسى دىلغۇللۇق ئىچىدە ئاخىرلاشتى. فائىزە ئۆزىنى چۈشىنىپ كېتەلمىگەن، يولنىمۇ ئېنىق كۆرەلمىگەنىدى.
ئۇ ئەينىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنىرەنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا تەييارلىق كۆردى. كۆڭلىدە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىيمىنى تاللىماقچى، سۇمبۇل چاچلىرىنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئۆرۈمەكچى؛ ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئۇزاق تۇرۇپ ئويغا چۆممەكچى بولغاندەك قىلسىمۇ ... لېكىن شۇ تاپتا ئۇنىڭ ھېچنىمىگە مەيلى تارتمايۋاتاتتى؛ ئۇ تۇرۇپ ھوشىغا كەلگەن، تۇرۇپ ھوشىنى يوقاتقاندەك ھالەتتە ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ۋەھىمە قاپلاپ كەتكەنىدى، پۈتكۈل جاسارىتىنى ئىشقا سالغاندىلا، بۇ ۋەھىمىنى يېڭىپ، ئاندىن بىمالال، خاتىرجەم ۋە دادىللىق بىلەن ئۇ يەرگە بارالايتتى؛ قورقماي، ئىككىلەنمەي بارالايتتى.
ئۇ، ۋەھىمىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيتتى.
ئۇ، ئوينىشى بىلەن كۆرۈشكىلى ئەمەس، بەلكى خۇددى دوختۇرغا بېرىپ دورا ئالغاندەك، مۇنىرەگە ئۆز ھالىنى ئىزھار قىلغىلى بارماقچى ئىدى، ۋاھالەنكى، دوختۇرغا بېرىشتىنمۇ ۋەھىمە قىلامدۇ - كىشى؟
ئۇ، بىر ئەر كىشىنىڭ ئۆيىگە ئەمەس، بەلكى پەرىشتىنىڭ ئۆيىگە، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتكە ئىگە ئاقكۆڭۈل پەرىشتىنىڭ ئۆيىگە باراتتى: «پەرىشتىدىن ئەلۋەتتە خاتىرجەم بولۇشۇم كېرەك، ۋەھىمە قىلىشىم نەھاجەت؟
فائىزە ئۇنىڭ ھەشىمەتلىك بىناسى ئالدىغا كەلگەندە، ئۆينىڭ نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك  بولۇپ، دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى پوچتا ساندۇقىغا چاپلانغان ئىسىم كارتوچكىسىغا قارىدى. دەرۋازىۋەن ئۇنىڭغا ئۇزاق سەپسالغاندىن كېيىن ئالدىغا كېلىپ سورىدى:
-خېنىم، مۇنىر ئەپەندىنى ئىزلەپ كەلدىڭىزغۇ دەيمەن؟
بىردىنلا ئۇنىڭ تومۇرىدا ئىسسىق قانلىرى ئۇرغۇپ، گويا مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ قالغاندەك، تارتىنىپقىنا سۆزلىدى:
-ھەئە.
-ئون ئىككىنچى نومۇرلۇق ئۆي.
لېغىتكە قاراپ ماڭغان فائىزە كەينىگە شارتتىدە بۇرۇلدى - دە، دەرۋازىۋەننىڭ ئالدىغا كېلىپ، خۇددى ئەمدى يادىغا يەتكەندەك، قەتئى تەلەپپۇزدا سورىدى:
-مۇنىرە ئەپەندىنى ئىزلەپ كەلگىنىمنى قانداق بېلىسىز؟
دەرۋازىۋەن غەلىتە ھىجىيىپ جاۋاب بەردى:
-بۇ بىنادا دەۋازىۋەنلىك قىلىۋاتقىنىمغا يەتتە يىل بولدى، يەتتە يىلدىن بويان مۇنىرە ئەپەندى مۇشۇ بىنادا تۇرىۋاتىدۇ.
فائىزە ھېچنىمىنى چۈشەنمىدى، ياكى چۈشىنىش نىيتىدىمۇ بولمىدى. دەرۋازىۋەنگە غەرەز ئۇقتۇرۇش تەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، يەنە لېغىتكە قاراپ ماڭدى.
ئۇ، ئون ئىككىنچى نومۇرلۇق ئۆيگە كېلىپ ئىشىك قوڭغۇرقىنى باستى.
ئىشىكنى مۇنىرە ئاچتى، ئۇ، بۇرۇلكا بىلەن پوپايكا كىيگەنىدى، پوپايكىدىن كۆڭلىكىنىڭ ياقىسى چىقىپ تۇراتتى. چىرايىدا دوستانە كۈلكە جىلۋە قىلاتتى.
فائىزە ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزاتتى.
ئۇ فائىزەنىڭ قولىنى كاپپىدە تۇتتى ۋە بۇ قولنى مەڭگۈ قۇيۇپ بەرمەيدىغاندەك ھالەتتە كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزلىدى:
-ۋاھ، قولىڭىز ئوتتەك قىزىق ئىكەن.
فائىزە زۇۋان سۈرمىدى، مۇنىرە يەنە سۆزلىدى:
-يۈرىكىڭىزمۇ جەزمەن ئوتتەك يېنىپ تۇرسا كېرەك؛
فائىزە ئۆينىڭ ئىچىگە سىنچىلاپ قاراپ چىقتى. خۇددى ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغاندەك، ھەممىلا نەرسە ھەشىمەتلىك، لايىقىدا بەكمۇ سەرەمجان ئىدى. ھەر بىر ئۇرۇندوق قۇچاق ئېچىپ ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلى قىلغاندەك تۇراتتى.
فائىزە بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇ ئەتەي كىچىك شىرەگە يىراق بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانىدى، شىرەدە بىر بوتولكا ۋىسكىي، بىر نەچچە بوتولكا گاز سۈيى ۋە مۇز پارچىسى سېلىنغان ئەسۋاب تۇراتتى.
لېكىن مۇنىرە ئۇنىڭ شۇ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرشىنى ياقتۇرمىدى. ئۆزى سافادا ئولتۇرغاندىن كېيى، بارمىقى بىلەن ئۇنى ئۆز يېنىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى.
فائىزە نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى.
مۇنىرە ئۆزىنىڭ بارلىق ھۈنىرىنى كۈلكىسىدە ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
-ماڭا يېقىنراق ئولتۇرۇڭ، ئاۋازىم بۇغۇقراق، گېپىمنى ئاڭلىيالماي قالىسىز.
فائىزە نائىلاج ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇ كۆرسەتكەن ئورۇندا ئولتۇردى.
-گاز سۈيى ئىچەمسىز، ياكى ئارشاڭ سۈيىمۇ، - سورىدى ئۇ بىر بوتۇلكا ۋىسكىينى قولىغا ئېلىپ.
-رەھمەت، ئىچمەيمەن.


نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش