مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ╰︶ ̄原地守候

تېڭىرقاپ قالغان قىز (رومان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:13:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azizgul يوللىغان ۋاقتى  2012-10-3 10:57 PM
ئىھسان ئابدۇقۇددۇسنىڭ « رەزىل يۈرەك » ناملىق رومانىنى  ...

ھە... مەن تېخى بۇ ئاپتۇرنڭ رومانى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچىراشقان ئىدىم. ئۇنداق بولسا سىز دىگەن كىتابىنىمۇ تېپىپ ئوقۇپ چىقسام بولغۇدەك. رەھمەت. ياخشى بىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە.   سىلەر ئۈچۈن چوقۇم ئاخىرغىچە تىرىشىمەن.

نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:16:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چېچەك يوللىغان ۋاقتى  2012-10-3 10:35 PM
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر..بىر روماننى مۇنبەرگە يوللاپ چىقى ...

ئۆيۈمدە كومپىيۇتېر بولمىغاچقا ئىشخانىدا ئۇرۇپ يوللاشقا توغرا كەلدى. شۇڭا بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ ئۇرغان ئىدىم. ئەسلى مېنىڭمۇ بۇنداق ئاز يوللىغۇم يوق ئىدى. لېكىن شۇ سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە ئالدىراپ مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ يوللىغاچ تۇردۇم. بۇنىڭدىن كېيىن ئىلاج بار كۆپرەك يوللاشقا تىرىشىمەن. قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.  

نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:17:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ayyultuz يوللىغان ۋاقتى  2012-10-3 11:54 PM
سىز راستلا روماننىڭ ھەممە قىسىملىرىنى يوللىماقچىمۇ؟ھ ...

شۇنداق قانچىلىك جاپا تارتساممۇ چوقۇم ئاخىرغىچە يوللايمەن. پەقەت سىلەر ئوقۇشنى خالىساڭلارلار.

نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:18:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gawda يوللىغان ۋاقتى  2012-10-3 10:58 PM
ناھايتى ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىز  داۋامىنىمۇ سەۋىرچان ...

شۇنداق قىلسىڭىزغۇ بەك ياخشى بولاتتى. مېنىڭمۇ ھاردۇقۇم چىقاتتى دەڭە. مەن چوقۇم ئەڭ زور تىرىشچانلىقىم بىلەن سىزگە ماسلىشىمەن.

نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:21:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆنۈگۈن ئەسەرنى يېزىپ بولغۇچە شۇنچىلىك ھېرىپ كەتكەن ئىدىم، تېخى باشقۇرغۇچىلارنى تەستىقلىماي قالارمۇ دەپمۇ ئەنسىرگەن. بۈگۈن شۇنداق كۆپ مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ ھاردۇقۇم بىراقلا چىقىپ كەتتى.  مۇنبەرداشلارنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقى ئۈچۈن بولسىمۇ ئەڭ تېز سۈرئەتتە يوللاشقا تىرىشىمەن. ھەممىڭلارنىڭ قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت.

نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:22:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى ئىنكاس شەكىلدە يوللايمەن.

نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85015
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:47:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ تىلى يەڭگىل يېزىلغان رومانكىنا ! بەك قىزىقىپ قالدىم . بىر تىنىقتا ئوقۇپ بولدم . ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ،مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەر بىلەن يۈز كۆرشتۇرگىنىڭىزگە . ھېرىپ قالماي ، مۇۋاپىق ھالدا ئەسەرنىڭ قالغان قىسمىنى يوللۇشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن . رەھمەت سىزگە !
ھە راس بولسا بۇ روماننىڭ تەرجىمانىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن .

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2091
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13554
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3117 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 12:42:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
╰︶ ̄原地守候 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-4 11:13 AM
ھە... مەن تېخى بۇ ئاپتۇرنڭ رومانى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچ ...

داۋامىنى كۈتىمىز بۇ روماننىڭ .........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 01:18:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Neqilay يوللىغان ۋاقتى  2012-10-4 11:47 AM
ئەجەپ تىلى يەڭگىل يېزىلغان رومانكىنا ! بەك قىزىقىپ قال ...

توغرا، شۇنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئەسكەرتىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت.

نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 03:29:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                                    *   *   *
    فائىزە قىزىتمىسى يانماي، ئونبەش كۈن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى؛ ئۇنىڭ پۇت-قولىدا ماغدۇرى يوق، كۆڭلى پەرىشاندى. ئۇ ئىلەڭ-سىلەڭ بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە ھەسرەت بۇلۇتلىرى كۆز ئالدىدىن كەتمەيتتى، كۆڭلىنى ۋەھىمە ۋە ئەنسىزلىك قاپلىۋالغاندى.
    فائىزە  بىر ئادەمنىڭ ئالەمدىن ئۆتىشى بىلەن تەڭ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ بولىشىنى كۆرۈپ باقمىغان؛ خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەندى، دادىسى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە يەتكۈدەك نەپىقە قالدۇرۇپ كەتكەنىدى؛ بۇ خېلى جىق مىراس بولۇپ، ئۇلار ھېچكىمنىڭ قولىغا قارىماي، تۇرمۇشىنى قامداپ كېتەلەيتتى. شۇغىنىسى ئائىلىدىكلەرنىڭ ھەممىسى ئاجىز مەزلۇملار بولۇپ، ئۇنى ھىمايىسىگە ئالىدىغان، ئۇنىڭ ئىش-كۈشىگە قارىشىدىغان، مەكتەپتىكى ئىشلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بىرەر ئەر كىشى يوق ئىدى. دادىسى ھەدە-سىڭىل ئۈچ قىزنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاپىسىنى تاشلاپ ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ نە ئاكىسى، نە ئىنىسى ياكى ئىشەنچ قىلغۇدەك تۇغقىنى، دادىسىنىڭ ۋە ياكى ئۆزلىرىنىڭ يېقىن دوستلىرىمۇ يوق ئىدى.
   بىر توپ ئايال قىيا-چىيا ۋە يىغا-زارە قىلىۋاتقاندا، ئاپىسىنىڭ تەبىغەگە مۇنداق دېگەنلىرى ئۇنىڭ ئېسىدە ئىدى: «قاراڭلارچۇ، جىنازا نېمە ئۈچۈن قىيسىيىپ قالدى؟ ئېيتىڭا، شۇنچە ئەر كىشىنىڭ ئىچىدە نېمىشقىمۇ جىنازا كۆتەرگۈدەك ئوغلۇم يوق؟»
   ئاپىسىنىڭ بۇ گەپلىرى تۈگىشى بىلەن، ئەر كىشى ئۆلگەندىن كېيىن ئورنىنى باسقۇدەك، جىنازىسىنى كۆتۈرگۈدەك ئادىمى بولمىغانلىقى تۈپەيلى،  بۇ ئائىلىگە كەلگەن بالا-قازانىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغاندەك، ھازا ئېچىۋاتقان ئاياللارنىڭ يىغا ئاۋازى پەلەككە كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى فائىزەنىڭ يادىدىن چىقمايتتى.
   فائىزە ئورنىدىن تۇرۇپ تالا-تۈزىگە چىققۇدەك بولغىنىدا، ئائىلىدە بىر ئەر كىشىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنىنى كۆردى.
   ئۇ، سىمىز ئادەم ئىدى. يۈز-كۆز دېگەن ناغرىدەك؛ پالكۆز، قاڭشارلىق، دورداي كالپۇك... كىيگەن كىيىملىرى يېشىغا ماس كەلمەيتتى. پاينەك بېشىنىڭ ئىككى يېنىدىكى قوڭۇر چاچلىرى يېڭى بۇيۇلۇپ تېخى قۇرۇپ كەتمىگەندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ بەئەينى بۇ ئۆينىڭ ئىگىسىدەك بەخىرامان ئولتۇراتتى. يۈزىگە بولىشىچە ئەڭلىك سۈركىگەن، ئۇچىسىدىكى قارا كۆڭلىكىنىڭ ياقىسى ئېتىلمىگەن، مەيدىسى خېلى يەرگىچە  ئوچۇق ھالەتتە ئولتۇرغان ئاپىسى ئۇنىڭ يېنىدىن ئەگىپ كېتەلمەيتتى.
   ئاپىسى قىزىغا قاراپ قولىنى پۇلاڭلاتتى:
   - فائىزە، بۇياققا كەل، بۇ تاغاڭغا – شەۋكەت ئەپەندىگە سالام قىل.
   سۆزىنى تۈگىتىپ، ئاپىسى ئۇ ئادەمگە تىكىلدى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ:
   - ئەپەندىم، بۇ ئائىلىمىزنىڭ ئەركە قىزى. فائىزە خېنىم، - دېدى ئۇنىڭغا.
   ئۇ ئادەم فائىزەگە پاقا تەشكەن سويمىگەن قاراپ تۇراتتى. فائىزە بۇ كۆزلەر ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىنى سىرىۋالىدىغاندەك بىئارام بولدى. ئۇ ئادەم خۇددى مەززىلىك يېمەكلىكنى تېتىپ باققاندەك تاڭلىيىنى چاكىلدىتىپ:
   - ناھايىتى ياخشى، قىزلىرىڭىز بىر-بىرىدىن چىرايلىق ئىكەن... – دېدى.
   ئاپىسى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى:
   - يوقسۇ، ئۇ ھەدىلىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، خۇدايىم بۇيرىسا، ئۇ دوكتۇر بولالايدۇ!
   ھېلىقى ئەر قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى:
   - دوكتۇر بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بىر-ئىككى يىلنىڭ ئىشى، ئۇ توي قىلىپ، مۇرادىغا يېتىدۇ. چىرايلىق قىزلار مەكتەپتە ئوقۇشنى خالاپ كەتمەيدۇ.
   ئۇ فائىزەنىڭ كۆكسىگە ئېسىلماقچى بولغاندەك قولىنى سوزۇپ تۇرۇپ:
   - بۇ ياققا كېلىڭ، فائىزە، يېنىمغا كېلىپ ماڭا مەكتىپىڭىزدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىڭ،- دېدى.
   فائىزە خۇددى ئۆمۈچۈك تورىغا چۈشۈپ قالغاندەك، يا ئالدىغا ماڭالماي، يا ئۆيدىن چىقىپ كېتەلمەي، تۇرۇپلا قالدى. ئاپىسى ئۇنى مۈشكۈللۈكتىن قۇتقۇزدى:
   - فائىزە، چىقىۋەر! ياخشىسى دەرسىڭنى تەكرار قىل، شۈنچە ۋاقىت دەرىسىتىن قالدىڭ ئەمەسمۇ؟
   ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىدىن يېلىنىش ۋە ئۈمۈدسىزلىك ئالامەتلىرى ئىپادىلەندى:
   - تاشىدە، بۇ قىز بىردەم بىز بىلەن بىللە بولسۇنچۇ؟
    ئاپىسى بۇيرۇق نەزەرىدە فائىزەگە قارىدى.
   - يوقسۇ، شەۋكەت ئەپەندى، ئۇ چىقىپ كېتىۋەرسۇن. ياق، ئۇنىڭ ئاغىرىق قالغىنىغا ئىككى ھەپتە بولدى، بىتاپ بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە، دەرسلىرى شۇ پېتى قالدى.
    فائىزە ئۆيدىن چىقتى. ئۇ بىر تۈتەكنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغانىدى، ئۇ ھېچنىمىنى چۈشەنمەيتتى ياكى ھېچنىمىنى چۈشىنىشنى خالىمايتتى، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئۇ چۈشىنىشكە باشلىدى، بەزى ئىشلارنى چۈشىنىشكە مەجبۇر بولدى. شەۋكەت ئىسىملىك بۇ ئادەم ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قەدەم-تەشىرىپ قىلىدىغان بولۇپ قالدى، يەنە كېلىپ ھەر كەلگىنىدە بىر نەچچە بوتۇلكا ۋىسكىي ئالغاچ كېلەتتى. ئائىلىدە ئۇنىڭ شەرىپىگە مول سەي-تائاملار تەييارلىناتتى. مۇنداق سەي-تائاملارنىڭ ئۇلار دادىسى ھايات ۋاقتىدىمۇ يەپ تۇرمايتتى.
    شەۋكەت ئۇلارنىڭ ئۆيىگە دوستلىرىنى باشلاپ كېلىشكە باشلىدى. فائىزەنىڭ ئىككى ھەدىسى ئاپىسى بىلەن بىللە ئۇلارنى كۈتۈۋالاتتى. ئۇلار يۈزلىرىنى قىپقىزىل بويىۋېلىپ، ئىلگىرى ئۇخلىسىمۇ چۈشىگە كىرمەيدىغان كىيىملەرنى كىيىۋېلىشاتتى، مېھمانلار بىلەن ۋىسكىي ئىچىشەتتى. شادلىنىپ كۈلىشەتتى، فائىزەنىڭ مۇنداق ئۇيۇن-كۈلكە بىلەن زادىلا خوشى يوق ئىدى. ئۇلار بىمەنە گەپلەرنى قىلىشاتتى، مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسا، نۇمۇس قىلغىنىدىن ئۇنىڭ يۈزى پوكاندەك قىزىرىپ كېتەتتى.
   بۇ ئىشلارغا فائىزە سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيسىدە بولۇپ كەلدى. ئۇ قايغۇ-ئەلەم دېڭىزىغا بارغانچە چوڭقۇر چۆكمەكتە ئىدى. ھېچكىم ئۇنى كەچلىك ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلمايتتى، ھېچكىم ئۇنىڭدىن بۇ ئىشلارغا بولغان قارىشىنى سورىمايتتى. ئۇنى مېڭىسىنى قوچۇپ بىئارام قىلىۋاتقان نەرسە بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق ئىدى، ئىچىنىڭ دەرد-ئەلەمگە تولۇپ كەتكىنى بىلەنمۇ ھېچكىمنىڭ چاتىقى يوق ئىدى.
   فائىزە ئاپىسى ۋە ھەدىلىرىنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى، ئۆزىدە كىشىلەرنىڭ يۈزىگە قارىيالمىغۇدەك گۇناھ بارلىقىنى ھېس قىلاتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۇنى كۆرسىتىپ بىر – بىرىنىڭ قولىقىغا كۇسۇرلىشاتتى؛ مەكتىپىدە، ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن سۆز-چۆچەك قىلىشاتتى، چۈنكى كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ ئۆيىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەردار ئىدى.
   مۇنداق ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا لىۋىنى چىشلەپ، دېمىنى ئىچىگە يۈتۈپ يۈرمەكتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. لېۋىنى چىشلەپ، دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرۈش ئۇنىڭ يۈرىكىدە دادىسىنىڭ سېغىنىش ئوتىنى تېخىمۇ يالقۇنجىتىۋەتتى. دادىسى ھايات بولسا، جەزمەن ئۇنىڭ نامىنى، ئاپىسىنىڭ نامىنى، ئىككى ھەدىسىنىڭ نامىنى قوغدىغان بولاتتى؛ فائىزە قۇلۇم-قوشنىلىرىنىڭ ئالدىدا بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلىگەن، ساۋاقداشلىرىغا ئارلىشپ يۈرەلىگەن بولاتتى...
   ئۇ ھەر كۈنى ئاخشىمى كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ ئۇزاق پىنھان چەككەندىن كېيىن ئۇخلاپ قالاتتى.
   ئۇ بىر قېتىم بىرەر ئىشمۇ يۈز بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا دەرغەزەپكە كېلىپ، چېچىلىپ كەتتى.
   بۇ مۇنداق ئىش ئىدى: شۇ كۈنى ھەدىسى خەدىچە قولىغا يېپيېڭى بىلەزۈك تاقاپ كىردى – دە، خوشال كەيپىياتتا فۇجىيەگە جاۋىرلاپ كەتتى:
   - نوفى (فۇجىيەنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى) ماۋۇ بىلەزۈكنى كۆرۈپ باق!
   - ۋاھ، ئەجەپمۇ چىرايلىقكىنا! – دېدى فۇجىيە ماختاپ.
   - توپتوغرا قىرىق رىيال، پۇلىنى ئىسمەنەلى شارت-شارت ساناپ تۆلىۋەتتى!
   - بىرەر ھاڭۋاقتى بولسا، مىڭ رىيال تۆلىگەن بولاتتى! – دېدى فۇجىيە كۈلۈپ.
   خەدىچە فائىزەنىڭمۇ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بايقاپ:
   - فائىزە كۆرۈپ باققىن! – دېدى بىلەزۈكنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ.
   - كۆرگۈم يوق، - دېدى فائىزە كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ.
   - سەندەك ئادەمنى كۆرمەپتىكەنمەن، - دېدى خەدىچە توغرا تاپمىغان ھالدا مۈرىسىنى قىسىپ.
   فائىزە دەرغەزەپكە كەلدى:
   - ئېيتقىنا، ئىسمەنەلى ئەپەندى قەيىرىڭنى ياقتۇرۇپ قېىلىپ، ساڭا بىلەزۈك سوۋغات قىلدى؟
   خەدىچە ئۈنىنى قويۇپ بەردى:
   - دېمىدىممۇ. مانا دېمىدىممۇ، سەندەك ئادەم ھەقىقەتەن كەم ئۇچىرايدۇ، ھەي مىشچان!
   - دادام ھايات بولسا، سەن بۇ بىلەزۈكنى تاقاپ بولغۇچە قىيما-چىيما قىلىنغان بولاتتىڭ.
   - قېنى ئۇ ئەمدى؟ بىزگە نامراتلىقنى قالدۇرۇپ كېتىپ ئۆزىمۇ ئارام تاپتى.
   فائىزە ئۈنىنىڭ بارىچە توۋلاپ كەتتى، كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى:
   - دادام بىزگە نامراتلىقنى ئەمەس، پاكلىقنى قالدۇرۇپ كەتتى!
   - شۇنداق، باشقا ھەممىمىز پەس، سەنلا پاك، - دېدى خەدىچە.
   - بولدى، ۋاڭ-چۇڭ كۆتۈرمەڭلار، - دېدى فۇجىيە ئوتتۇرغا چۈشۈپ، - فائىزە، نېمە قىلماقچىسەن؟ ھەر كىم ئۆز ئەركى بويىچە ئىش قىلمامدۇ!
   قىزلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تاشىدە يېتىپ كەلدى:
   - نېمە ئىش؟ نېمە ئانچە ۋار-ۋۇر قىلىسىلەر؟ مېڭەمنى قوچىۋەتتىڭلارغۇ!
   فۇجىيە زومۇ زور چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ جاۋاب بەردى:
- ھېچ ئىش بولمىدى. ئاپا، بىز تاھىرە كوچىسى ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىمىز.
- فائىزە چوڭ ئاپىمىز بىزگە پاكلىق توغرىسىدا ۋەز ئېيتىۋاتىدۇ! ئۇ ئىسمەنەلىنىڭ ماڭا سوۋغات بېرىشىنى ياقتۇرمىغۇدەك، - دېدى ئاچچىقى يانمىغان خەدىچە.
ئاپىسىنىڭ كۆزلىرى خۇددى لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئوتتەك چاقناپ، ۋارقىراپ كەتتى:
- قاراڭلار بۇ قىزنى، گېپىمگە قۇلاق سال! سەن پۈتۈنلەي داداڭنى دورىدىڭ. داداڭمۇ ئادەمنى مانا مۇشۇنداق تەتۈر قىينايتتى، ھەدىلىرىڭ بىلەن تاكاللىشىپ، مېنى ئەندىشىگە سالغۇچە، بىرەر ئېغىز گەپتىن قالساڭ بولمامدۇ، يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، بوينۇڭنى ئۈزىۋېتىمەن!
فائىزە زۇۋان سۈرمىدى.
شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ئۇ دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ، ھېچكىمگە تىنماي، خىيالغا پېتىپ يۈرىدىغان بولدى.
ئۇلارنىڭ ئائىلىسى زود كوچىسىدىن گىزا كوچىسىدىكى ھەشىمەتلىك بىناغا كۆچۈپ كەلدى.
فائىزە بۇ ئۆينىڭ ئىجارىسىنى كىم تۆلەيدىغانلىقى، ئۆيدىكى بىساتلارنى كىم ئېلىپ بەرگەنلىكىنى سوراپمۇ قويمىدى، ئۇ جىممىدە يۈرۈشكە ئادەتلىنىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ خوشلۇقى شۇ بولدىكى، يېڭى ئۆيىدىن ئۇنىڭغا ئايرىم بىر ھۇجىرا تەگدى، بۇ ھۇجىرا كەچلىك ئولتۇرۇش ئۆتكۈزۈلىدىغان مېھمانخانىدىن يىراقراق ئىدى، بۇ ھۇجىرا ئۇنىڭ ماكانى بولۇپ قالدى. ھاياتىنىڭ قالغان يېرىمىنى ئوبدان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇ ئورۇن-كۆرپىسىنى كۆڭۈل قۇيۇپ تاللىدى؛ ياستۇققا ئۇنىڭ تۈگىمەس خىياللىرى، ئۇرۇن-كۆرپىگە چەكسىز دەرد-ھەسرەتلىرى سىڭدى.
ئەمما ئۇ چوڭ بولىۋالدى...
ئۇ ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس ئىدى. ھېچكىممۇ ئۇنى كىچىك بالا دېمەيتتى. ئۇنى كۆرگەن ئەرلەرنىڭ كۆزلىرى ئويناپ كېتەتتى. ئۇنىڭ جەلىپكار سەرۋىدەك نازۇك قامىتى دەردلىك نالە قىلىۋاتقان دەردمەن ئاشىققا ئوخشايتتى، بۇغداي ئۆڭلۈك ئەتلىرى خۇددى مەزىن ۋە مۇرتلىرى تېخى كۆرۈپ باقمىغان مۇقەددەس مەسچىتنىڭ پەردىلىرىگە ئوخشايتتى؛ بىر-بىرىگە يېپىشىپ تۇرغان چىرايلىق لەۋلىرىدىن مېھىر-شەپقەتكە تەشنالىقى بىلىنىپ تۇراتتى؛ تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرغان ئۆرۈمە چاچلىرىغا ئۇنىڭ مەخپىيتى – يېقىملىق مەخپىيتى، ياشلىق باھارىنىڭ مەخپىيتى، كۆڭۈل ئىشىكى ھىم يېپىلغان قىزنىڭ مەخپىيتى يۇشۇرۇنغانىدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ رىسىدە بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشقا، ئۆزىدىكى گۈزەللىكنىلا ئەمەس، بەلكى ئىشقى تۇيغۇسىنىمۇ چۈشىنىشكە باشلىدى. لېكىن ئۇنىڭ خىيالىدىكى ئىشلار ھېس قىلغان نەرسىلىرىدىن كۆپ ئىدى، ئەقلى-ھۇشى قىزلىق تۇيغۇسىنى بېسىپ چۈشەتتى. ئۇ ئەتىراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى بىر-بىرلەپ تەپەككۇر تارازىسىغا سالاتتى، شۇڭا ئۇ سالقىن مۇئامىلىلىك سۈرلۈك چوڭ بولدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە دادىسىنى سېغىنىشتىن باشقا ھېچ نېمە يوق ئىدى.
ئاپىسى بىلەن ئىككى ھەدىسى ئۇنى بىرەر ئىشقا دالالەت قىلمايتتى، ئائىلىسىگە كېلىپ تۇرىدىغان ھەر قانداق ئەرنى ئۇنىڭغا يېقىن يولاتمايتتى. لېكىن ئۇلار ئۇنى ئۆي ئىچىدە ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتتى، ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى ئېتىۋېلىپ، نېمە كويدا بولىۋاتقىنى، نېمە قىلىۋاتقىنى بىلەن بىر پاي كارى بولمىدى.
ئاپىسى بەزىدە ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن پۈتكۈزگەن، بالداقمۇ-بالداق ئۆرلەيدىغان بىناغا تىكىلگەندەك قاراپ كېتىپ مۇنداق دەيتتى.
- راسىت، مەن سېنىڭ نېمە ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلىقىڭنى بىلمەيمەن. قېنى ئېيتقىنا، دوكتۇر. سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن بولسام، بۇ كىتابلارنى ئاللىبۇرۇنلار دەسسەپ چەيلىۋەتكەن، كۆزدىن يوقاتقان، خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولاتتىم!
خەدىچە بەزىدە ئۇنىڭغا مۇنداق دەيتتى:
- خانزادەم، ئويلىشىپ قويسىلا بولارمىكىن، ئالدىلىرىغا نۇرغۇن «خېرىدارلار» كېلىشى تۇرغان گەپ، ئۇلار ئىشىكىڭنى چېكىپ زېدە قىلىۋەتمىسۇن يەنە. قەدىرلىكىم، توي قېلىش تارتىۋېلىش دېمەكتۇر، تارتىۋالالىساڭ توي قىلىسەن.
- كىم ساڭا توي قىلىمەن دەپتۇ؟ ئۆمۈر بويى توي قىلمايمەن! – دەيتتى فائىزە شۇئان جاۋاب بېرىپ.
- ئۇنداق بولسا، ئەپۇ قىلغايلا فائىزە بۈۋىم! – دەيتتى خەدىچە تەنە ئارىلاش زەردە بىلەن.
فۇجىيە بەزىدە ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلايتتى:
- قارا، بۈگۈن شەۋكەت ئەپەندى بىلەن كەلگەن يىگىت ساڭا بۆلەكچىلا قاراپ كەتتى، سەن ئۇنىڭ يۈرەك قېتىدىن ئورۇن ئالدىڭ، دېمىسەممۇ، ئۇ خېلىدىن بويان سېنىڭ پېيىڭدە يۈرەتتى.
كىشىنىڭ ئوغىسىنى ئۆرلىتىدىغان مۇنداق ئىشلار ئاخىرلاشماي تۇرۇپ، يەنە بىر ئىش يۈز بەردى.
بۇ ئۆتكەن يىلى، ئېنىقاق ئېيتقاندا سەككىزىنچى ئايدا يۈز بەرگەن ئىش ئىدى.
بىر كۈنى ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى. فائىزە دەل ئىشىكنىڭ يېنىدا ئىدى، شۇڭا ئۇ ئىشىكنى ئاچتى، ئالدىدا تېخى يىگىرمىگە كىرمىگەن، كېلىشكەن بىر يىگىت قورۇنغاندەك قىلىپ تۇراتتى. ئۇ قاپىقىنى كۆتۈرۈپ فائىزەگە لەپپىدە قاراپ قويۇپ، ئىتتىك يەرگە قارىۋالدى ۋە ئارسالدىلىق بىلەن ئارانلا سورىدى:
- ئىسمەنەلى ئەپەندى مۇشۇ يەردىمۇ؟
فائىزە ئۇنىڭغا سىن نەزەرىدە بېشىدىن ئايىقىغىچە سەپسېلىپ چىققاندىن كېيىن، جاۋاب بەردى:
- ئۇ مۇشۇ يەردە بولسا كېرەك، قېنى مەرھەمەت!
يىگىت بوسۇغىدىن كىردى، كۈندىكى ئىشلارغا ئاساسەن فائىزە ئىسمەنەلىنى مۇشۇ يەردە دەپ ئويلىغاندى. ئۇنىڭ كەلمىگەنلىكىنى كىم بىلسۇن، شۇڭا ئۇ يىگىتتىن ئۆزرە سورىدى.
يىگىت سەل ئىككىلىنىپ قالدى ۋە:
- ئىسمەنەلىنىڭ گېپى بويىچە بۇ يەرگە كېلىۋىدىم، ... – دېدى.
فائىزە ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى:
- ئۇلار كېچىكىپرەك كېلىدىغان ئوخشايدۇ، كىرىپ تۇرۇڭ، كېلىپ قالار.
ئىشىك قوڭغۇرقىنىڭ جىرىڭلىغىنىنى ئاڭلاپ، خەدىچە بىلەن فۇجىيە تەڭلا يۈگۈرۈپ چىققانىدى. ئۇلار سىڭلىسىنىڭ بىر يىگىت بىلەن ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، ھەيران بولغىنىدىن سەكرىشىپ توۋلىۋىتىشكە ئاز قالدى. بۇ فائىزەنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشى ئىدى. ئىلگىرى مەيلى كىم كەلسۇن، ئۇ كۆرۈشمەيتتى، ئۆزىنى چەتكە ئالاتتى. نائىلاج سالاملىشىشقا توغرا كېلىپ قالغاندا، خۇددى مەيدىسىگە پىچاق سانچىلىپ قالغاندەك ئاران ئاۋازى چىقاتتى.
ئىككى ھەدىسى قاش-كۆزلىرى بىلەن بىر-بىرىگە ئىشارە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەيرانلىقىنى يۇشۇردى. كېيىن خەدىچە ئالدىغا بېرىپ قارشى ئالدى:
- ياخشىمۇ سىز؟ مۇستاپا. ئىسمەنەلى ھازىرلا كېلىدۇ.
فۇجىيە قانداقتۇ بىر مۇھىم ئىشتىن خۇرسەن بولغاندەك گەپكە ئارىلاشتى.
- مۇستاپا بۈگۈن جەزمەن ئازىراق ئىچىشىڭىز كېرەك. ۋىسكىي ئىچەمسىز، ياكى بەيلەندىمۇ؟
- رەھمەت، ھاراق ئىچمەيدىغىنىمنى بىلىسىزغۇ، - دېدى مۇستاپا يەنىلا تارتىنچاقلىق بىلەن.
- مېنڭ يۈزۈمنى قىلمامسىز؟ بوپتۇ، مېنىڭ يۈزۈمنى قىلمايلا قويۇڭ، فائىزەنىڭ يۈزىنىغۇ قىلارسىز!
مۇستاپا قاپىقىنى كۆتۈرۈپ، فائىزەنى زادى كۆرۈپ باقمىغاندەك ئۇنىڭغا لەپپىدە قاراپ قويۇپ، پەس ئاۋازدا سۆزلىدى:
- فائىزە ماڭا مالاللىق يەتكۈزۈشنى خالىماس.
فائىزە مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى. ئەسلىدە، ئۇ ئۇنى مەسخىرە قىلماقچى ئىدى، لېكىن شۇنداق قىلاي دېسىمۇ، چىرايىدا يەنىلا يېقىملىق، لاتاپەتلىك تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى، ۋۇجۇدىدىكى ئەزەلدىن قوزغىلىپ باقمىغان بىر خىل ھېسسىيات قوزغالدى.
ئۇلار ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتى... خەدىچە دەرھال ئورنىدىن تۇردى – دە، خوشلىشىپ ئۆز ھۇجىرسىغا ماڭدى. ھايال ئۆتمەي فۇجىيەمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ كەتتى.
ئۆيدە فائىزە بىلەن مۇستاپالا قالدى.
يىگىت فائىزەنىڭ قىزلار مەكتىپى ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى، فائىزەمۇ يىگىتنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى.
فائىزە ئۇنىڭدىن ئالى مەكتەپتىكى ئىشلار، ئالى مەكتەپتىكى قىزلار، ئالى مەكتەپتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئالى مەكتەپنىڭ تۈزۈملىرى ئۈستىدە كۆپرەك سۆزلەپ بېرىشنى ئۆتۈندى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە سۆزلىگەنلىرى فائىزەنىڭ چۈشىدىكىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇ ئاجايىپ سىپايە سۆزلەيتتى، گەپلىرى سىلىق ۋە تولىمۇ قىزىقارلىق ئىدى. فائىزە ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش بىلەنلا بولۇپ كەتكەچكىمۇ، ئۆزىگە ئىختىيارسىز تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىگە دىققەت قىلمىدى.
فائىزە ئۇنىڭ يېنىدا ساپ ۋە سەمىمى ھېسسىياتقا چۆمگەن ھالدا ئولتۇراتتى.
ئۇ «مەن چۈشىنىدىغان ۋە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر ئادەمنى تاپتىم» دەپ قارايتتى!
بىر پەستىن كېيىن، ئىسمەنەلى ئەپەندى بىر قانچە دوستىنى باشلاپ كەلدى، فائىزەنىڭ ئاپىسى ۋە ئىككى ھەدىسىمۇ كىرىپ كەلدى. ۋىسكىي ۋە گاز سۈيى بوتولكىلىرىنىڭ ئېغىزى ئېچىلدى. شىرەگە سەي تەخسىلىرى تىزىلدى.
فائىزە خۇددى ئەتىراپىدىكى رەزىللىكلەر ۋە ناشايىن ئىشلاردىن خالى بولغاندەك، ئۇنىڭ ئاغىزى-ئاغزىغا تەگمەي قىلىۋاتقان گېپىنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتى. شۇ تاپتا، ئۇ ھەر قانداق دەرد-ئەلەمنى ئۇنتۇغان، ھەممىنى ئۇنتۇغاندى، ئۇنىڭ دادىسىغا بولغان سېغىنىشىمۇ خىيالىدىن كۆتۈرۈلگەنىدى.
ئۇنى يىراقتىن كۆزىتىپ تۇرغان ئاپىسى بىلەن ھەدىلىرى خۇددى كەينى-كەينىدىن قورغانغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەندەك، خوشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي قېلىشقانىدى.
فائىزە قۇلىقىنىڭ تۈۋىدە يىگىتنىڭ پەس ئاۋازدا «يۈرۈك، ئۆزىمىزنى بۇ ۋاڭ-چۇڭدىن يىراققا ئېلىپ، بالكونغا چىقىپ پاراڭلىشايلى.» دېگىنى ئاڭلانغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئۆيدىن چىقتى.
ئىككەيلەن بالكوننىڭ رىشاتكىسىغا يۆلەنگىنىچە، يەنە ئالى مەكتەپتىكى ئىشلار توغرىسىدا پاراڭغا چۈشتى. فائىزە يىگىتنىڭ بارغانچە ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقىنىنى سېزىپ، شۇئان ھوشىيار بولدى، بۇ سېزىم ئۇنىڭدىكى ھەر قانداق سېزىمنى بېسىپ چۈشتى.
ئاندىن فائىزە ئۇنىڭ ئالقىنىنى ئاستاغىنە بېلىگە سۇنغانلىقىنى سېزىشكە باشلىدى، ئاخىر يىگىت ئۇنى قۇچاقلىۋالدى.
فائىزە سەل جىم تۇرىۋېلىپ، ئۆرلەۋاتقان غەزىپىنى كۈچەپ تىزگىنلىدى.
يىگىت سۆزىنى توختىتىپ، يۈزىنى ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ يۈزىگە يېقىنلاشتۇردى. يىگىتنىڭ يۈزى ئۇنىڭ لىۋىگە تېگەي دەپ قالغاندىلا، ئۇ ئىتتىك بۇرالدى – دە، تەرىنى تۈرۈپ، پەس ئاۋازدا توۋلىدى:
- نېمە قىلماقچىسىز؟
يىگىت قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ دۇدۇقلاپ قالدى:
- ھېچنېمە، جېنىم، ھېچنېمە.
فائىزە ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن تىكىلگىنىچە سۆزلىدى:
- ھېچنېمە؟ ئالدامچى، يېڭىلا بىر نېمە قىلماقچى ئىدىڭىزغۇ؟ قېنى ئېيتىڭا، ئېنىقراق سۆزلەڭ.
- پەقەت ... مەن ... ئەسلىدە ...
- مېنى سۆيىۋالماقچى بولدىڭىز، شۇنداققۇ؟
يىگىت قولغا چۈشۈپ قالغاندەك يۇۋاشلىق بىلەن جاۋاب بەردى:
- شۇنداق.
- نېمە ئۈچۈن؟ - فائىزە ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى.
يىگىت خۇددى گېلى سىقىلىپ قالغاندەك، كۆڭلىكىنىڭ ياقىسىنى تارتىپ قويدى.
- چۈنكى ... مەن ... مەن سىزنى سۆيىمەن!
فائىزە مەسخىرە بىلەن سۆزلىدى:
- مېنى سۆيىدىكەنسىز، ناھايىتى ياخشى، بۇ بەك ئوبدان ئىشكەن. ئۇنداقتا بىز كېلىشىمگە كەلدۇقمۇ؟ سىز مەن بىلەن توي قىلامسىز؟
يىگىت نورمال ھالىتىگە قايتىپ، ئىنتايىن ھاياجانغا چۆمگەندەك سۆزلىدى:
- شۇنداق، مەن سىز بىلەن توي قىلىمەن.
- دەرۋەقە، كىممۇ ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن ئادەم بىلەن توي قىلسۇن؟
يىگىت نېرۋىسىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، فائىزەگە توۋلىۋىتىشتىن ساقلاندى.
- بۇ پەقەت سىزلا ئويلىشىدىغان مەسىلە.
- سۆيىۋالماقچىمۇ سىز تېخى؟ كۆتۈرۈڭ قاسقىنىڭىزنى، مەن بىلەن توي قىلىمەن دەپلا مېنى سۆيىۋالىدىغان ئىشمىكەن؟
فائىزە بالكوندىن چىقىپ، ھېچكىمگىمۇ قاراپ قويماي، ھۇجىرسىغا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كىردى – دە، ئىشىكنى ئېتىۋالدى.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەت، ئۇ ئائىلىدىسىكى كەچلىك ئولتۇرۇشقا يېقىن يولىمىدى.
ئۇنى كەچلىك ئولتۇرۇشقا قاتنىشىشقا، يەنە شۇنداق ئالدامچىلىققا يۈزلىنىشكە دالالەت قىلغانلار غەرزىگە زادىلا يېتەلمىدى.
ئۇ، پۈتۈن زېھنى بىلەن تىرىشىپ ئوقۇپ، ئاخىر دېپلوم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى.


*    *    *
مانا بۇ فائىزە ھەر كۈنى ئاخشىمى كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزىدىغان ھېكايە ئىدى. كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، فائىزە بۇ ھېكايىنى ياستۇققا باسۇرغىنىچە ئۇخلاپ قالاتتى.
بىر كۈنى ئەتىگەن سائەت تۆتتە ئىشىك قاتتىق قېقىلغاندا، ئۇ ئۇيقۇسىدىن چۆچۈپ ئويغاندى. مەستنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى:
- ئىشىكنى ئېچىڭ! فائىزە بۈۋىم. تاڭ ئاتتى. مەستنىڭ سۆزىگە ئۇلىشىپلا ھەدىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
- بۇ ئىشىككە يېقىن كەلمەڭ دېگەن ئىدىمغۇ، مۇنداق قىلسىڭىز رەنجىپ قالىمەن.
فائىزە توكنى ياندۇرۇپ، ئۆزىنى توختىتىۋالدى، ھېلىقى كىتابى يېنىدا ئىدى. ئۇ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدىكى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرغان ئىسىمغا قاراپ قويدى: مۇنىرە ھۇرمى
ئۇ ئۆزىنىڭ ھەسرتىنى مەسخىرە قىلغاندەك، مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىدى:
- مۇشۇنداق قىلىشىمنى ياقتۇرامسىز؟ ئەپەندى.
توكنى ئۆچۈرۋېتىپ، ئۇ يەنە ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ياستۇق ئاستىدىن ئۆرۈپ چىقىرىپ، قايتا كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.


تەرجىمە قىلغۇچىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن تۆمۈر


بۈگۈن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەرگىچە يازاي. داۋامى ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ╰︶ ̄原地守候 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-4 03:32 PM  


نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش