مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4527|ئىنكاس: 104

تېڭىرقاپ قالغان قىز (رومان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 05:59:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

      مۇنبەرداشلىرىمنىڭ چەتئەل ئەدەبىياتىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. شەخسەن ئۆزۈم خېلى ياقتۇرىمەن. يېقىندا مىسىر يازغۇچىسى  "ئېھسان ئابدۇقۇددۇس"نىڭ  "تېڭىرقاپ قالغان قىز" ناملىق كىتابى قولۇمغا چۈشۈپ قالدى، دەسلەپتە ئىسىمغا قىزىقىپ كىتابنى قولۇمغا ئالغان بولسام، بارا-بارا ئەسەر ۋەقەلىكىگە كىرىپلا كەتتىم. ئەسەرنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېىن ئىنتايىن چىگىش خىياللار قوينىغا غەرىق بولدۇم،  ئۆزۈممۇ ھېس قىلىپ يېتەلمەيدىغان ھەر خىل خىياللار كاللامنى قوچۇپلىۋەتتى. نەچچە كۈنگىچە مۇشۇ ئەسەرنى تەھلىل قىلىپلا يۈرۈپتىمەن. لېكىن يەنىلا ئەسەر باش پىرسۇناژىنىڭ قەيسەرلىكى، مۇھەببەتكە تۇتقان جىددى مۇئامىلىسى، پاكلىق-ئىززىتىنى ساقلاش يولىدا تارتقان ئازاپ-كۈلپەتلىرى مېنى قايىل قىلماي تۇرالمىدى.
شۇڭا ئۆزۈم ياقتۇرغان مۇشۇ ئەسەرنى مۇنبەرداشلىرىم بىلەن بىرگە ئورتاقلىشىشنى خالاپ قالدىم، مۇنبەرداشلار بۇنى ياقتۇرامدۇ-يوق بىلمىدىم، شۇنداق بولسىمۇ ئەسەرنى ئوقىغاندىن كېيىن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئورتاقلىشىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن.
                    



                     تېڭىرقاپ قالغان قىز


                                      ئېھسان ئابدۇقۇددۇس   (مىسىر)


psbCAFB6301.jpg




          جىنايەت ھەرگىز بىز بىلەن بىللە دۇنياغا كەلمىگەن؛ بەلكى، جەمئىيەت بىزنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىغان.

                                                                                                          -ئېھسان

                                                         

                                                          (1)


      ئۇ كارۋىتىدا، پۈتۈنلەي ئۇيقۇ ھالىتىدە ياتقىنى بىلەن، كۆزى ئۇچۇق، يۈرىكى ئويغاق ئىدى. ئەگەر ئۇ ئوبدان ھېسابلاپ كۆرسە، ئۆمرىنىڭ يېرىمى مۇشۇ كارۋاتتا زايە بولۇپ كەتكىنىنى بايقىغان بولاتتى.
      ئۇنىڭ ماكانى مۇشۇ كارۋاتلا ئىدى؛ ئۇنىڭ ياستۇقىغا تەپەككۇر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغان خىياللىرى، يوتقان-كۆرپىسىگە بولسا چەكسىز دەرد-ئەلەملىرى سىڭگەندى. شۇغىنىسى، بۇ ئۇنىڭ تەنھا ياشايدىغان ماكانى بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭغا ھەمدەم بولمايتى ۋە ھېچكىم ئۇنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى چۈشەنمەيتى.
      ئۇ مەكتەپتىن قايتىشىدا، يول بويى ئۇچىرغانلىكى تۇنۇشلىرىغا سالام قىلىپ ماڭاتتى. ئاندىن ھۇجىرسىغا كىرىپ، ئىشىكنى ئېتەتتى-دە، بالاغەتكە يېتىپ - تولغان گەۋدىسىنى كارۋاتقا تاشلايتتى.
      ئۇ ئاغىزىغا بىر نىمە سالىدىغان چاغدىمۇ، ئۇنىڭغا ئارام يوق ئىدى؛ ئىككى ھەدىسىنىڭ تاپا-تەنىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ كايىشلىرىنى تامىقىغا قوشۇپ يۇتاتتى-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ ھۇجىرسىغا كىرىپ كېتەتتى ۋە ئىشىكنى ئېتىپلا كارۋاتقا ئۆزىنى پوككىدە تاشلايتتى. ئۇرۇق-تۇغقان، دوسىت-يارەنلىرىدىن ھېچكىم ئۇنى بۇ پەيلىدىن توسۇۋالالمايتتى.
      شۇ كۈنى كەچ كىرىپ سائەت ئونبىر بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئۇيقۇ ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيتتى؛ ئۇ بىر كىتابنى تۇتقىنىچە ياتاتتى.
      ئىشىك ھالقىسىنىڭ قاتتىق شاراقلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
      ئەمما ئۇ مىدىرلاپمۇ قويمىدى.
      ئۇ يەنىلا مىدىر قىلماي يېتىۋەردى. كىتانتىن كۆزىنى يۆتكىگەن بولسىمۇ، چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە كۆرۈنمىدى. گويا يەنىلا خىيال دېڭىزىغا غەرىق بولغاندەك، يېڭىلا ئوقىغان كىتابنىڭ قۇرلىرى ئارىسىدا ئۈزۈپ يۈرگەندەك، قېقىلىۋاتقان ئشىك ھۇجىرىسىنىڭ ئىشىكى ئەمەستەك تۇرۇسقا تىكىلىپلا ياتاتتى.
      ئىشىكنىڭ قېقىلىشى بارغانچە جىددىيلەشتى، بىر تەلۋە قول قىسىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرگەندەك، بىردە ئىشىكنىڭ سول ھالقىسىغا، بىردە ئوڭ ھالقىسىغا ئۇرۇلاتتى؛ دېگەندەك بىر مەسىت تىلىنى چايناپ سۆزلىگىلى تۇردى:
      - ئىشىكنى نېمىشىقا ئېتىۋالىسىلەر؟ نېمىشقا مەندىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرىسىلەر؟
      شۇ ئارىدا ھەدىسى خەدىچەنىڭ غىلجىڭلاپ تۇرۇپ قىلغان سۆزى ئاڭلاندى:
     - نېرىراق تۇرۇڭ، بۇ ئۆينىڭ سىز بىلەن ئالاقىسى يوق!
     - نېمىشقا ئالاقىسى يوقكەن؟ ئالاقىسى بار. ھامىنى مۇشۇ ئائىلىنىڭ ئادىمى بولىمەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ - دېدى مەسىت.  
     فائىزەنىڭ ھەدىسى يەنىلا غىلجىڭلاپ جاۋاب بەردى:
    - سىز ھەممە ئۆينىڭ خوجايىنى بولىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن بۇ ئۆينىڭ خوجايىنى بولالمايسىز!
    - بۇ كىمنىڭ ئۆيى؟ - مەسىت سۆزلەۋېتىپ قولىنى ئىشىكنىڭ ھالقىسىدىن تارتتى.
    - بۇ فائىزە بۈۋىمنىڭ ئۆيى، بۇ ئۆيگە كىرگەن ئادەم زەخمەت چېكىدۇ، ھەسرەتتە قالىدۇ، - دېدى خەدىچە.
    - خۇدا ئۆزۈڭگە ئامانەت، فائىزە خېنىم، ئىشىكنى ئېچىڭ، سىلەرگە مەندىن يامانلىق كەلمەيدۇ.
    ئەمدى ئۇنىڭغا ھەدىسىنىڭ مەستكە دەۋاتقان گېپى ئاڭلاندى:
    - بۇ ياققا كېلىڭ، غەلۋە قىلماڭ، ۋىسكىينىڭ كەيپى تېخى تارقىماپتىدە، قېنى، بۇ ياققا كېلىڭ!
    - بەك جايىدا گەپ قىلدىڭىز، ۋىسكىينىڭ كەيپى تېخى تارقىمىدى، بەك جايىدا گەپ قىلدىڭىز، - دېدى مەسىت كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئاۋازا قاقاھلاپ كۈلۈپ.
    ۋاڭ-چۇڭ قىلىشقا ئاۋازلار ئاستا-ئاستا پەسىيىپ قالدى.
     فائىزە ھىچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك قايتىدىن كىتاب ئوقۇشقا كىرىشتى.
     قولىدىكى كىتابنى ئۇ بىر ئەمەس، توپتوغرا يىگىرمە قېتىم ئوقۇپ چىققاندى، كىتابنىڭ بەزى بابلىرىنى كۆزىنى يۇمىۋېلىپمۇ يادلاپ بېرەلەيتتى.
     كىتابنىڭ ئاپتۇرى نېمە دىگەن زىل ئادەم، نېمىدېگەن ئاقكۆڭۈل، ئۇنىڭ شىرىن خىياللىرى نەقەدەر ئالىيجاناپ - ھە! ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى كىشىنى ھاياجانغا سالماي قالمايتتى. ئۇ يازغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى توي قىلىش ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش بىلەن ئاخىرلىشاتتى.
     ئاپتۇر ئۆزىنىڭ قەلىمى بىلەن ئاجايىپ پاك، ساماۋى دۇنيادا ياشايتتى، شۇڭا بۇ دۇنيادا يا توي قىلمايدىغان يا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالمايدىغان ئادەملەرنىڭمۇ بارلىقىنى زىنھار بىلمەيتتى.
      فائىزە بىر قانچە يىلدىن بويان، مۇنىرە ھۇرمى ئەپەندى كۆز يېشى تۆكسە، ئۇنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلۇپ كۆز يېشى قىلاتتى؛ ئەسەرنىڭ قۇرلىرىدىن شادلىق كۈلكىرى ئىپادىلەنسە، ئۇنىڭ چىرايىغىمۇ كۈلكە يامىشاتتى؛ توي مۇراسىمى تەسۋىرلەنسە، ئۇمۇ توي قىلىش ئارزۇسىغا چۆمەتتى؛ ئاپتۇر ياراتقان باش قەھرىمان قىز ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش نىيتىگە كەلگەن ھامان، ئۇمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ئىستىكىدە بولاتتى.
     ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئاپتۇر بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر پاك ئادەم ئىدى.
     ئەگەر ئۇنىڭ خىيالى بىلەن ئاپتۇرنىڭ خىيالى بىر يەردىن چىقماي قالغان، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاپتۇرنىڭ ئەسەرلىرىگە، ئەسەرنىڭ ھەر بىر قۇرىغا تىكىلمىگەن تەقدىردە، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسى قانداق بولار ئىدى - ھە؟
      ئۇنىڭ ئاپتۇرنى بىر كۆرۈش ئارزۇسى بەكمۇ كۈچلۈك ئىدى! ئەمما ئۇنى كۆرەلمەيتتى، پەقەت ئۇنىڭ كىتابىتىكى سۈرىتىدىنلا كۆرەلەيتتى. ئاپتۇرنىڭ سۈرەتتىكى كېلىشكەن، تەمكىن چىرايى خۇددى خىيالى دۇنيانىڭ كۆلەڭگسىگە ئوخشايتتى؛ نۇر چاقناپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزى ھەر قانداق رەزىللىكتىن خالىي ئىدى؛ لەۋلىرى ھەسىرەتلىرىنى يۇشۇرۇپ تۇرغاندەك چىڭ يۇمۇلغاندى؛ ئىككى چېكىسىدىكى چار چاچلىرى پەرىشتىنىڭ قاناتلىرىغا ئوخشايتتى؛ بەجايىكى ئىنسانىيەتكە بەخىت ئاتا قىلغۇچى پەرىشتىدەك ئىللىق كۈلۈمسىرەتتى.
فائىزە ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ئاپتۇرغا يېزىپ بېرىشنى، بۇنىڭ ئاخىرىنى ئاپتۇرنىڭ چۈشۈرۈپ بېرىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى، بىر تۇرۇپ ئۆز كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئاپتۇرنىڭ پاك، ساماۋى دۇنياسىنى بۇلغاپ قۇيۇشىدىنمۇ ئەندىشە قىلاتتى.
     بۇ كاتتا يازغۇچى ياشاۋاتقان ساماۋى دۇنيا فائىزەنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن، تۇرمۇشىدا ئۇچراپ تۇرىدىغان نالە-پەريادلاردىن ۋە ئەتىراپىدىكى مەخلۇقلارنىڭ قۇتىراشلىرىدىن خالى ئىدى.
     ئاپتۇر ئادەملارنىلا يازاتتى؛ ئۇ ھايۋانلارنىڭمۇ كۆڭلى بۇلىدىغانلىقىنى، كۆز يېشى تۆكىدىغانلىقىنى، بەخىتكە ئېرىششكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.
     فائىزە كىتابتىن كۆزىنى ئۈزۈپ، ئۇنى تىزىغا قويدى ۋە بېشىنى ياستۇققا تاشلاپ، ھەر كۈنى ئاخشىمىدىكى ئادىتى بويىچە، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
*     *    *
     فائىزەنىڭ ئەسلىمىسى ئاشۇ كۈنىدىنلا باشلىناتتى: دادىسى جەسەت كارۋىتىدا ياتاتتى، ئۇ دادىسىنىڭ يېنىدا تۇراتتى...
     دادىسى جان ئۈزگەنىدى، كۆزلىرى مەھكەم يۇمۇلغان، لەۋلىرىدىن قان قاچقان، نەپەستىن توختىغان ھالدا ياتاتتى. چىرايى تاتىرىپ كەتكەن، جېنىدىن جۇدا بولغان تېنى قۇرۇق تېرە-ئۇستىخانغىلا ئايلىنىپ قالغانىدى.
فائىزە بۇ جەسەتنىڭ چىرايىدىن خوش جىلۋە كەتمەيدىغان، ۋۇجۇدىدىن شادلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان دادىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى كۈتكەندەك، ئۇنىڭغا تىكىلگىنىچە كارۋاتنىڭ يېنىدا گەپ-سۆز قىلماي تۇراتتى. دادىسى ئۇنىڭغا بەكمۇ ھېرىس ئىدى، ئىككى ھەدىسىگە ئانچە قىلىپمۇ كەتمەيتتى. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە دادىسىنىڭ كۆزلىرىگە سۆيمىسە، كۆزلىرى ئېچىلمايتتى ۋە يۇمۇلمايتتى.
     شۇ تاپتا، ئۇ بۇ كۆزلەرگە سۆيۈپ قويسا، دادىسى ھوشىغا كېلىپ قالامتى؟
     ئۇ ئېڭىشىپ دادىسىنىڭ يۈزىگە سۆيۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭغا دادىسى بىلەكلىرىنى مىدىرلىتىپ، ئۇنى باغرىغا باسماقچى بولىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى، لېكىن دادىسىنىڭ بىلەكلىرى يەنىلا ئۇ سۆيۈپ قويۇشتىن ئىلگىركىدەك بوشاپ كەتكەن پېتى تاشلىنىپ تۇراتتى.
     ئاپىسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ دادىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆلگەنلىكىنى ناھايەت چۈشەندى.
شۇ يىلى ئۇ ئون ئىككى ياشتا ئىدى، دادىسىنىڭ ۋاپاتى ئۇنى ھەسرەت-نادامەتتە قويدى، بەلكى چوڭقۇر قايغۇ-ئەلەمدىمۇ قويغاندى. دادىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئۇنىڭ ئىشەنگىسىمۇ كەلمەيتتى. كۆڭۈل ئاسمىنىنى قايغۇ-ئەلەم بۇلۇتلىرى قاپلاپ تۇرغاندا، ئۇ ئاپىسى ئاچقان ھازىفا ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتمىدى. شۇ نەرسە ئۇنىڭ ئېنىق يادىدا ئېدىكى، ئۇ ھەر كۈنى ئۇيقۇسىنى ئاچقىنىدا، دادىسىنى كۆرەلمىسە تىت-تىت بولاتتى. دادىسى ئالەمدىن ئۆتكۈن كۈننىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە، ئۇ قۇرقۇنۇچلۇق چۈشىدىن چۆچۈپ ئويغاندى. ئاپىسىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ راسا يىغلىۋېلىش نىيتىدە، ئاپىسىنىڭ ھۇجىرسىغا يۈگۈرۈپ كىرگىنىدە، ئاپىسىنىڭ غېمىدە يوق ئەينەككە قاراپ ئولتۇرۇپ بېشىغا قارا رومال ئارتىۋاتقانلىقىنى، رومالنىڭ ئالدى تەرىپىنى تۆۋەنگە تارتىپ قاشلىرىغىچە چۈشۈرۈپ، كەينى تەرىپىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ چىگىۋاتقانلىقىنى كۆردى. نەتىجىدە رومال ئاپىسىنىڭ بېشىدا چوقچىيىپلا قالدى.

     ئاندىن، ئاپىسى بىر قۇتا ئۇپىنى ئېلىپ يۈزىگە ۋە بوينىغا سۈركىدى؛ يەنە بىر قۇتا ئەڭلىكنى ئېلىپ يۈزىگە بوشقىنا بېسىپ، چىرايى تەبئىي قىزىل رەڭگە كىرگۈچە پەرداز قىلدى.
     ئاپىسىنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا قاراپ تۇرغان فائىزەنىڭ ۋۇجۇدى غەزەپ ئوتىدا ئۆرتەندى. شۇغىنىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە غەزەپلىنىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى. ئاپىسىنى ئەيىبلەش لازىملىقىنى ھېس قىلاتتىيۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
     ئىلگىرى فائىزە دادىسىنىڭ يېنىدىن نېرى كەتمەيتتى، ئاپىسىنىڭ فائىزە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىك ئىدى؛ ئاپىسىنىڭ دادىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يىرىك ئىدى. بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا، ئۇ ئاپىسىنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەكلا يىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلماقتا ئىدى. ھەتتا ئاپىسىنىڭ چىرايىغا قاراشتىنمۇ رايى يانغانىدى، ئاپىسىنى كۆرسە خۇددى جاۋاب تاپقىلى بولمايدىغان مۇرەككەپ مەسىلىگە يۇلۇققاندەك، تېنى تىكەنلىشىپ كېتەتتى.
     ئاپىسى ئۇنى ئەينەكتە كۆرۈپ، بۇرۇلۇپ قاراپمۇ قويماي سۆزلىدى:
     - فائىزە، تېزراق بېرىپ كۆك يوپكاڭنى كىيىۋال. تاغاڭ نەبىغە كەلگەندە ساڭا قارا يوپكا تىكىپ بېرىدۇ. بارغىن، قەدىرلىكىم، ھازىرلا خەق كەلگىلى تۇرىدۇ.
     ئاپىسى تويغا ياكى كۆڭۈللۈك كېچىلىكككە تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك، ھازا-ماتەمگە ئەمەس، بەلكى تويىنى مۇبارەكلەپ كېلىدىغان كىشىلەرنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، خۇشخۇي تەلەپپۇزدا سۆزلەۋاتاتتى. ئۇچىسىدىكى كونىراپ قالغان قارا كىيىم ۋە قېشىنى باسۇرۇپ مەھكەم تېڭىلغان، ئەمما قوقچىيىپ تۇرغان قارا رومىلىدىن ئاز-تۇلا مۇسىبەت تۈسى ئىپادىلىنىپ تۇرغىنىدىن باشقا، ئۇنىڭ قىلچىمۇ كۆڭلى بۇزۇلمىغاندى.
     دادىسىدىن ئايرىلىپ، ئەمدىلا بىر ئاخشامنى ئۆتكۈزگەن قىزىغا تەسەللى بېرىش، دادىسىنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قۇيۇش ياكى باغرىغا بېسىپ، ئانا-بالا ئىككىسى راسا يىغلىۋېلىش خىيالىغىمۇ كىرىپ قويمايتتى. ئۇ "تويى بولىۋاتقان قىز" دەك كىشىلەر قىزىقسىنىپ ئۆزىنى ئوتتۇرغا ئېلىۋالىدىغان پەيىتنىڭ يېتىپ كېلىشىگە تەقەززا بولۇپ، پۇت-قولى يەرگە تەگمەي، تىپىرلاپ يۈرگەن قىياپەتتە ئىدى.
     فائىزە ئاپىسىنىڭ ئۆيىدىن كەينىگە يانماي، ئۇنىڭغا ھەيرانۇ-ھەس بولۇپ قارىغىنىچە، گويا يېپيېڭى دۇنيانى كۆرۈۋاتقاندەك داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى.
    ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قىلچە كارى بولمىدى. گىرىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەينەكنىڭ ئالدىدىن تۇرۇپ كىيىم ئىشكابى تەرەپكە ماڭدى. ئىشكاپتىن جىيەك تۇتۇلغان بىر قولياغلىقنى ئېلىپ، سىرىتقا ماڭىدى. فائىزەمۇ ئۇنىڭغا سوڭدىشىپ ئۆيدىن چىقتى.
ھازىغا كەلگەن ئاياللار زالدا ئولتۇرۇشاتتى. فائىزەنىڭ ئاپىسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپلا، قولياغلىقنى كۆزىگە تۇتۇپ يىغلاشقا باشلىدى؛ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى. ھازىغا كەلگەن خانىملار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى قۇچاقلاپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كۆز يېشى قىلىشتى.
     - سىڭلىم، خۇدايىمنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇن! غەيرەتلىك بولۇڭ، قەدىرلىكىم.
     ئاپىسى قوشاق قوشۇپ يىغلاشقا باشلىدى.
     "مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتتىڭغۇ قەدىرلىكىم، ئەمدى مەن قانداق قىلاي. قاراڭغۇ تۈنلەرنى قانداقمۇ تەنھا ئۆتكۈزەي. ۋاي دوستۇم، ئەتىگەنلا ھايات ئىدىڭغۇ دوستۇم. قاراڭ، سانىيە خانىم، ئۇ مۇشۇ سافادا جان ئۈزدى. ئۇ باشقا ئەرلەرگە ئوخشىمايتتى، ھەقىقەتەن ئەزىمەت ئىدى. قاراڭ، ئەزىزە خانىم، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ مېنى بۇ ئۆيگە مۇشۇ ئىشىكتىن ئېلىپ كىرگەنىدى. ئۇ، قولى ئۇچۇق، ئايىغىدىن شامال ئۆتۈپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدى. ئەمدى ئۇ نەگە كەتتى؟ ئاھ، قەدىرلىكىم!"
     ئاپىسىنىڭ ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ قوشقان قوشاقلىرى فائىزەگە بەئەينى كىنو ئارتىسى ئىززەت سۇداتنىڭ دىئالوگىدەك ئاڭلاندى، ئەگەر بۇ قوشاقلار دادىسىغا توقۇلمىغان بولسا، ئېھتىمال ئۇ كۈلىۋېتىشتىن ئۆزىنى تۇتالمىغان بولاتتى.
ئەمما ئۇ كۈلىۋەتمىدى، ئاپىسىنىڭ قوشاقلىرىدىن ھەسرىتىمۇ كۈچەيمىدى، كۆز يېشىمۇ تۆكمىدى. ئۇ ھۇجىرىسىغا قاراپ ماڭدى، كۆڭۈل ئاسمىنىنى يەنىلا قايغۇ-ئەلەم بۇلۇتلىرى قاپلىغان، چۆچۈپ ئويغانغاندىكى ۋەھىمىمۇ تارقىمىغاندى. لېكىن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ مۇدىھىش چۈشلىرىدىن قورقۇپ كەتمەيدىغان، تاڭنىڭ يورۇشىدىنمۇ ۋەھىمىگە چۈشمەيدىغان بولدى. ئەمدى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى ۋەھىمە ئۆز ھاياتىنىڭ ۋەھىمىسى ئىدى.
     فائىزەنىڭ ئىككى ھەدىسى ھۇجىرسىنىڭ ئىشىكىنى قىيا ئېچىپ، ئىشىكىنىڭ يوچۇقىدىن ھازىغا كەلگەن ئاياللارغا سەپسېلىشماقتا ئىدى. فائىزەنىڭ ئىككى ھەدىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، خەدىچەنىڭ فوجىيەگە قىلغان سۆزى قۇلىقىغا كىردى:
     - سىڭلىم، قارىغىنا، ئەزىزە خانىمنىڭ رومىلى قانداقكەن؟ نېمە قىلغىنىدۇ، ئۇنىڭ يېشىدىكى خانمىلار مۇنداق رومال ئارتمايدۇ.
     فۇجىيە مۇنداق دېدى:

     - مەن تائىبە ھەبىبىنىڭ قانداق كىيىنىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ باقاي دەيمەن. ئۇلارنىڭ تاقىغان سائەتلىرىگە قارىغىنا...ۋاھ، ئون ئىككىدىن بىلەزۈك، بىرىنىڭ ئۈستىگە بىرى مىنگىشىپ كېتىپتۇ، ھەممىسىلا تۆت مىسقاللىق ئىكەن. مەيدىسىدىكى زۇننارچۇ تېخى، ھەي، بىز نېمىدىگەن ئاۋارە، مېنىڭ بىلەزۈكۈم ھەتتا ئىككىمۇ ئەمەس!

     يۈر، فۇجىيە، ئەڭ ياخشىسى ئەمدىكى تۇرمۇشىمىزغا ئاپام ئىگە بولسۇن! - دېدى خەدىچە ئىشىكنى يېپىپ.

     سۆزىنى تۈگىتىپ ھەر كىم ئۆز ئەينىكىگە قاراپ ماڭدى. فائىزە كارۋىتىنىڭ لىۋىدە ئولتۇرۇپ، خۇددى ئاپىسىنى كۆزەتكەندەك ئۇلارنى كۆزىتىشكە باشلىدى.

     ئىككى ھەدىسىنىڭ چىراي شەكىلى ئاپىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى، ئاپىسىغا يېقىنلىقى فائىزەدىن ئېشىپ كېتەتتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار فائىزەگە ئاپىسىدەك يىرىك مۇئامىلە قىلمايتتى. كىچىدىن ئۇ ھەدىلىرى بىلەن بىر كارۋاتتا يېتىپ چوڭ بولغاچقا، شۇ چاغلاردىن باشلاپلا ئۇنىڭ كۆڭلى-كۆكسىدە ھەدىلىرىگە قارىتا مېھىر-مۇھەببەت پەيدا بولغانىدى. ئۇلار چوڭ بولۇپ قالغاندىن كيېىن، ئۆيگە ئىككى كارىۋات قۇيۇپ، بىرىدە ئىككى ھەدىسى يەنە بىرىدە ئۇ ياتىدىغان بولدى.

     فائىزە ھەدىلىرىنى ياقتۇرمايتتى. ئۇلار فائىزەنى كىچىك كۆرۈپ، بەزى ئىشلارنى ئۇنىڭدىن پىنھان تۇتاتتى؛ سىرىتقا چىققاندا ئۇنى باشلاپ ئالمايتتى؛ ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر ئېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيتتى.

     شۇ ئەستادا خەدىچە قولىدىكى تاغىقىنى يەرگە ئاتتى ۋە كۆڭلى بۇزۇلغان ھالدا:

     - دادا، سىنى بەكمۇ سېغىندىم، ئاھ، قەدىرلىك دادام! - دېدى گىرىم ئىشكاپىنىڭ قىرىنى تۇتقىنىچە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.

     فۇجىيە ئىتتىك ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە مۈرىسىگە يىنىككىنە ئۇرۇپ قۇيۇپ مۇنداق دېدى:

     - نېمە قىلغىنىڭ بۇ، خەدىچ! بىز ئەقىلگە كىرگەن ئادەملەرمىز، ھەممە ئىشنى بىلىپ قالدۇق. ئېھتىمال، دادام مۇدىھىش كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلۇپ، ئازابىنى بىزگە تاشلاپ كەتكەندۇ.

     سۆزىنى تۈگىتىپلا، ئۇمۇ ئۆپكىسىنى باسالماي، خەدىچەگە قوشۇلۇپ يىغلاپ كەتتى.

     ئۇلارغا قاراپ فائىزەنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى، بۇ ئۇنىڭ تاڭ ئاتقاندىن بويانقى تۇنجى كۆز يېشى ئىدى. دەسلىپىدە ئۇ، ئۈن-تىنسىز ياش تۆكتى، كېيىن كۆز-يېشى ئۇنىڭ دېمىغىنى سىققاندەك بولىدى-دە، خۇددى ئاغىزىنى يوغان-يوغان ئېچىپ نەپەس ئېلىۋاتقاندەك، ئېسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى. ئاخىر بېرىپ، ھەسرەت ئۇنىڭ نېرۋىسىنى ئىسكەنجىگە ئالدى؛ ئۇ ئۆزىنى كارۋاتقا گۈپپىدە ئاتتى ۋە ياستۇقنى مۇشتلاپ، تېپچەكلىگىنىچە ئەقلىدىن ئازغاندەك يىغلاپ كەتتى.

     يىغىدىن توختىغان ئىككى ھەدىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.

     ئۇلار فائىزەنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ، ئۈچ قىز تەڭ كۆز يېشى تۆكتى. بۇ ھەقىقىي كۆز يېشى، ئۈچ قىز ئۆزلىرىنىڭ يېتىم بولۇپ قالغىنىنى ھېس قىلىپ تۆككەن كۆز يېشى ئىدى.

     توساتتىن، ئۆينىڭ ئىشىكى بوران سوققاندەك "غاچ" چىدە ئېچىلدى. ئىشىكنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغان ئاپىسى توۋلاشقا باشلىدى:

     - ھوي قىزلار، نېمە قىلىۋاتىسىلەر! مېنى غەم-قايغۇدا ئۆلسۈن دەمسىلەر؟ ئىككىڭلار بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىڭلار! ئۇنىڭ ئەركىلىكى قالدى، يىغلىغۇسى كەلسە، تاشقىرىغا چىقىپ كۆپچىلىكنىڭ قېشىغا بارسۇن.

     - راسىت دەيسەن، ئاپا، دېدى فۇجىيە يىغلاپ تۇرۇپ.

     خەدىچە بىلەن فۇجىيە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىشتى. كۆز ياشلىرىنى ئېيتىپ، چاچلىرىنى تاراپ، كىيىملىرىنى تۈزەشتۈردى. مەڭزىنى بويلاپ تاراملاپ ياش تۆكىلىۋاتقان فائىزەنىڭ مىدىر قىلماي تۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇنىڭ كىيىم ئالماشتۇرىشىغا ياردەملىشىپ، چېچىنى تارىدى. قالغان ئىشنى ئۆزىگە تاشلاپ قويۇپ، تەزىيە توپىغا قۇشۇلۇپ كەتتى.

     ئۆيدىن چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى، خەدىچە ئىڭىشىپ فائىزەنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى:

     تېلېفونغا قاراپ قوي، ماڭا تېلېفون كەلسە ھايىت دەپ قويارسەن - ھە!

     فائىزە بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ كارۋىتىدا ئۆرە ئولتۇرۇپ مەڭزىگە ئېقىپ چۈشكەن ياشلىرىنى سۈرتىۋەتتى. كۆڭۈل ئاسمىنىنى يېڭىباشتىن قايغۇ-ئەلەم ۋە ۋەھىمە بۇلۇتلىرى قاپلىدى. ئۆزىنىڭ بۇ ئائىلىدىن بارغانچە يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، بۇ ئائىلە ئۇنىڭدىن بارغانچە يىراقلاپ، ئاخىر ئۇپۇق سىزىقىدا كۆزدىن غايىب بولدى. شۇئان ئۇ يەنە ئۆزىنى بىپايان زىمىندا ھېس قىلدى، ئېھتىمال بۇ باش-ئايىغى يوق قۇملۇقتۇر، ياكى كۆز يەتمەس ئاسمانۇ-زىمىن ئارلىقىدۇر. ئۇ يالىڭاياغ ئىدى؛ ئۇ ئۇچىسىغا جۇل-جۇل كىيىملەرنى كىيگەن بولۇپ، ئىنتايىن قورقۇنچ ئىچىدە تەسلىكتە كېتىپ باراتتى. ئەتراپقا تەلمۈرۈپ قاراپ، نېمىنىدۇ ئىزلەيتتى؛ ئۇ دادىسىنى ئىزلىگەن ھالدا " دادا... دادا..." دەپ ئۈنلۈك توۋلايتتى، ئەمما ھېچنىمىنى تاپالمايتتى، ھېچ جاۋابقا ئىگە بولالمايتتى. قۇلاق-مېڭىنى يەيدىغان ۋاڭ-چۇڭدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. كېيىن، ئۇ بۇ زىمىندا دادىسىنى ئىزلەۋېرىپ چارچىغىنىدىن ھالىدىن كېتەي دەپ قالدى، زەھەردەق سوغ شامال ئۇنىڭ جۇل-جۇل كىيىملىرىدىن ئۆتۈپ كەتكەچكە، پۈتۈن ئەزايى بەدىنى غالىلداپ تىتىرەيتتى. ئۇ ئۈمۈدسىزلىنىشكە باشلىدى، دادىسىنى ئىزلەش نىيتىدىن ياندى... ئۇنى ئۇيقۇ باستى؛ ئۇ تۆۋەنگە ساڭگىلاپ كېتىۋاتقان ئېغىر بېشىنى كۆتۈرەلمەيۋاتاتتى. دەل شۇ پەيتتە ئىشىك ئېچىلىپ، تاغىسى كىرىپ كەلدى. فائىزە ئوتتەك قىزىپ كەتكەن قاپاقلىرىنى سەل كۆتۈرۈپ تاغىسىنىڭ خىرە شولىسىنى كۆردى؛ تاغىسىنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلىۋاتقىنى ۋە ئېغىر بىر قولنىڭ يەلكىسىگە قويۇلغانلىقىنى سەزدى.

     - فائىزە، ياخشىمۇ سەن؟ نېمە بولدۇڭ؟ ھېچقىسى يوق، داداڭ ئۆلۈپ كەتكىنى  بىلەن، مەن ھالىڭدىن خەۋەر ئالىمەن. يۈرە، ئورنىڭدىن تۇرۇپ مېھمانلارنى كۈت.

     ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ، فائىزەنىڭ مەڭزىگە قولىنى يېقىپ باقتى.

     - ئاغرىپ قالدىڭمۇ نېمە؟ ئاپاڭ قەيەردە؟

     فائىزە كۆزلىرىنى ئاران ئېچىپ ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرەي دەپ تۇرغىنىدا، ئاپىسى كىرىپ كەلدى. ئاپىسىنىڭ ۋۇجۇدىدا تۈرلۈك كۈلكىلىك ھالەت كۆپەيگەندەك قىلاتتى، بۇلار كەمەك ھەييارنىڭ يۈزىدىكى بوياقلارغا ئوخشاپ قالغانىدى.

     - ئەتىگىنىڭ خەيرىلىك، تاشىدە، - بۇ تاغىسىنىڭ ئاۋازى ئىدى.

     ئۇ ئاپىسىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىدى:

     - ھەي، ئەتىگەندە جاھان تىپتىنىچ بولىدۇ دېيىشىدىغان، لېكىن نېمىسىنى ياخشى دەيسەن؟ ئاكا!

     تاغىسى سەل جىم تۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ خۇددى جىن چېپىلغاندەك جار سالغىلى تۇردى:

     - مەن قايسى ئىتنىڭ بالىسى "ئەلئېھرام گېزىتى" دە بېسىلغان مۇسىبەت خەۋىرىدە، مېنىڭ ئىسمىمنى ئونىنچى دەرىجىلىك خىزمەتچى بايقۇش خېلىل زەھرانىڭ ئارقىسىغا قويغانلىقىنى بىلمەكچىمەن. ئىسمىم مەيلى ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا ياكى كەينىگە قويۇلسۇن، ئۇ دىگەن بى شەرەپ تۇغقىنىم...

     فائىزە تاغىسىنىڭ يەنە نېمە دىگەنلىرىنى ئاڭلىمىدى، ئۇ خۇددى بېشىدا چاقماق چېقىلغاندەك بولۇپ، كارۋاتقا يىقىلدى.

     ئۇنىڭغا دىققەت قىلغان ئاپىسى ئىتتىك سورىدى:

     - فائىزە، نېمە بولدۇڭ؟ بالام.

     ئاپىسى ئۇنىڭ چېكىسىگە ئالقىنىنى قويۇپ، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىدى:

     - پاھ، نېمىدىگەن قىززىق، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىپتۇ. قاراڭلار بۇ جىننى، دائىم ئىش تېپىپ بېرىدۇ، بۈگۈنكىدەك كۈندە ئاغىرىپ بەرگىنىنى!

     ئاندىن ئۇ ئاكىسىغا قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

     - ئاكا، خاپا بولماي، فائىزەگە ئىككى تال ئاسپىرىن تېپىپ كەلگىنە!


    ۋاقىت مۇناسىۋىتى بېلەن بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە يازدىم. داۋامى بار...   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ╰︶ ̄原地守候 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-3 06:13 PM  


نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85668
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-10-3
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 07:41:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋۇي ئەجەپ ئۇزۇنكىنە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76667
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4285
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 585 سائەت
تىزىم: 2012-2-27
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 09:59:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا ، بۇ رومانغا كىرىپ قالدىم، قاچان چىقارمەن ئەمدى؟
ئاخىرىنى ساقلاپ ئىڭەكلەر چۈشۈپ كىتەر بولدىدە.

ئازاپلىرىم،مېنى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 805
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16131
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9149 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 10:35:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر..بىر روماننى مۇنبەرگە يوللاپ چىقىش ئاسان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە ....بىز بىلەن ئورتاقلاشقىنىڭىزغا رەھمەت....
كىتاپ مەزمۇنىنى wordشەكلىدە ئۇرۇپ كومپىيوتىرىڭىزغا ساقلىۋېلىپ.كۆپرەك قىلىپ بىراقلا يوللىسىڭىز ۋاقىت ھەم كۈچ تېجەپ قالايسىز....

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2091
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13554
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3117 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 10:57:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىھسان ئابدۇقۇددۇسنىڭ « رەزىل يۈرەك » ناملىق رومانىنى ئۇقۇغان ئىدىم ، بۇ رومانى بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر !

ھەركەت سۆزدىن غا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36749
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9032
تۆھپە نۇمۇرى: 1660
توردا: 10230 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 10:58:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىز  داۋامىنىمۇ سەۋىرچانلىق بىلەن يوللىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ يوللىنىپ بولغاندا ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلىۋالساق تېخى ياخشى .رەھمەت

ئىستىقبال ئېلكىتاب مۇنبىرى كىتابخۇمار دوسلارنىڭ ياخشى دوستى.
www.isteqbal.com

ئوزگىنى سۇيۇش ئۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1193
يازما سانى: 509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10875
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3734 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 11:54:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز راستلا روماننىڭ ھەممە قىسىملىرىنى يوللىماقچىمۇ؟ھەقىقەتەن قايىلمەن، بۇنىڭغا زورغەيرەت ۋە چىدامچانلىق كىتىدۇ .
ھەرگىزمۇ ئوتتۇرىسىدا تاشلاپ قويماڭ.
بۇنداق ياخشى ئەسەر بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت.

ئوزگىنى سۇيۇش ئۇچۇن ئۇزەڭنى سويگىن!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 12:27:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك ياخشى رومان . ئىلگىرى مەنمۇ قايتا قايتا نەچچە قىتىم ئوقۇپ چىققان ،  
لىكىن كىيىن ئۇ كىتابنى يوقىتىپ قويغان ئىدىم . مۇنبەردە قايتا كۆرگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:11:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلنازە يوللىغان ۋاقتى  2012-10-3 09:59 PM
مانا ، بۇ رومانغا كىرىپ قالدىم، قاچان چىقارمەن ئەمدى؟
...

چوقۇم ئىڭەكلەر چۈشۈپ قالمايدۇ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە يوللاپ بولۇشقا تىرىشىمەن.

نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 729
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:12:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ayyultuz يوللىغان ۋاقتى  2012-10-3 11:54 PM
سىز راستلا روماننىڭ ھەممە قىسىملىرىنى يوللىماقچىمۇ؟ھ ...

ئاللاھنىڭ مەدىتى بىلەن چوقۇم ئاخىرغىچە يوللايمەن. پەقەت سىلەر ياقتۇرۇپ ئوقىساڭلارلا.

نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش